ئىنىشقاق سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 25 ئايەتمەنىسى: يېرىلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْشَقَّتْ
ئاسمان يېرىلغان — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمان يېرىلغان — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمان يېرىلغان — ئەنەس ئالىم
(1-2) بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنىشى، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتقا ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئۆزگىرىش توغرۇلۇق بەرگەن بۇيرۇقىدۇر. جۈملىدىن ئاسمان - زېمىنغىمۇ بەرگەن بۇيرۇقىدۇر. ئاسماننىڭ ئۇ ئىلاھىي بۇيرۇققا بويسۇنۇپ دەز كېتىش، چاك كېتىش، يېرىلىش، ئىشىكلەر ھالىتىگە كېلىش ۋە تۈرۈلۈش قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ باشقا بىر ئاسمانغا ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «رەببىگە قۇلاق سالغان ۋە شۇنداق قىلىشى كېرەك بولغان» دېگەن مەنىدىكى جۈملىلەر مەجازىي مەنىدە ئىشلىتىلگەن. بۇ ئىپادە تۆۋەندىكى 5 - ئايەتتە زېمىن ئۈچۈنمۇ مۇشۇنداق مەجازىي مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذَا الْأَرْضُ مُدَّتْ
زېمىن سوزۇلغان — مۇھەممەد سالىھ
زېمىن سوزۇلغان — تەرجىمە ھەيئىتى
زېمىن سوزۇلغان، — ئەنەس ئالىم
(3-5) «زېمىننىڭ سوزۇلۇشى» - زېمىننىڭ ئۈستىدىكى تاغلارنىڭ توزۇپ كېتىپ تۈپتۈز ھالەتكە كېلىشى دېمەكتۇر. «زېمىننىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر» ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈكلىرىدۇر. چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغانغا قەدەر دۇنياغا كەلگەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈكلىرى زېمىنغا كۆمۈلىدۇ. ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا ئۇلار تىرىلىپ، كۆمۈلگەن يەرلىرىدىن چىقىدۇ. شۇنىڭدەك، «زېمىننىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر» ھەر تۈرلۈك مەدەنلەردۇر. چۈنكى زېمىندا ئۆلۈكلەردىن باشقا مەدەنلەرمۇ بار. زېمىننىڭ ئۇلارنى ئېتىشى بىرىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا زېمىننىڭ قاتتىق تەۋرىشى نەتىجىسىدە مەدەنلەرنىڭ يەر يۈزىگە چىقىپ قېلىشىنى، ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈپ سىرتقا چىقىرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا دەھشەتلىك ئىشلار بولىدۇ، ھەر ئىنسان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىدۇ، شۇنداقلا قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ ۋە مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ
قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان — مۇھەممەد سالىھ
ۋە قوينىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىنىپ قالغان — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تېشىغا ئېتىپ قۇرۇقدالغان — ئەنەس ئالىم
-
وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان چاغدا[1]. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ
ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن) — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن رەببىڭ تەرەپكە سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولغۇچىدۇرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىنسان! سەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئىنسان مۇشەققەت تارتىدىغان قىلىپ يارىتىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىر ئىشنى مەيلى ئەقلى بىلەن ئويلىسۇن مەيلى كۈچى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرسۇن دائىم جاپا - مۇشەققەتنىڭ ئىچىدە بولىدۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا يۈگۈرىدۇ. ھەر مىنۇت - سېكۇنت ئۇنىڭ دۇنيادا تۇرۇش مۇددىتىنى قىسقارتىدۇ، ئەجىلىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. جاپا - مۇشەققەت يوق جاي جەننەتتۇر. ئىنساننىڭ ئۆلگىنى رەببىگە مۇلاقات بولۇشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن رەببىنىڭ مەخسۇس ئەلچىلىرى بىلەن مۇلاقات بولۇشقا (ئۇچرىشىشقا) باشلايدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ
نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ چاغدا كىمنىڭ كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلسە، — ئەنەس ئالىم
(7-9) بۇ يەردىكى كىتاب ئەمەل دەپتىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قولغا بېرىلىشى ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. دەرۋەقە كىشى ئەمەل دەپتىرىدە ياخشى - يامان ھەر ئەمىلىنى كۆرىدۇ، لېكىن بەزى يامانلىقلىرى يوققا چىقىرىلغان ۋە بەزى يامانلىقلىرى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇلغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، جەننەتتىكى يېقىن - يورۇقلىرىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ يېنىغا خۇشال - خۇرام ھالدا قايتىدۇ، چۈنكى جەننەتكە كىرگەنلەر يېقىن - يورۇق ۋە دۇنيادىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَنْقَلِبُ إِلَىٰ أَهْلِهِ مَسْرُورًا
(ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئەھلىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ وَرَاءَ ظَهْرِهِ
نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم — مۇھەممەد سالىھ
نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم بولسا — تەرجىمە ھەيئىتى
كىمنىڭ كىتابى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە، — ئەنەس ئالىم
(10-12) كىتابنىڭ ئارقىسىدىن بېرىلىشى ئۇنىڭ سول قولىغا بېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، كىتابىنى ئېلىپ دۇنيادىكى يوق بولۇشنى تىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەققىدە ئاللاھ تائالا ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا
«ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۆلۈپ يوق بولماقچى بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ — ئەنەس ئالىم
-
وَيَصْلَىٰ سَعِيرًا
دوزاخقا كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ۋە ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە يالقۇنلاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّهُ كَانَ فِي أَهْلِهِ مَسْرُورًا
چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى. — مۇھەممەد سالىھ
چۈنكى ئۇ ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
چۈنكى ئۇ بىر زامانلار ئەھلىنىڭ ئارىسىدا خۇشال ئىدى، — ئەنەس ئالىم
(13-14) مۇئمىنلەر دۇنيادا ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن ئەيمىنەتتى، ئىككىلى دۇنيادا ياخشىلىق تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلاتتى ۋە ئەندىشە بىلەن ئۈمىد ئىچىدە ياشايتتى. ئەمما بۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئەكسىچە دۇنيادىكى چېغىدا، ئەھلىنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن قورقمايتتى، دۇنيا ھاياتىنىلا سۆيەتتى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ياشايتتى. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلەر ئاخىرەتكە ئىشىنەتتى، ئاخىرەتتىكى ھېساب نەتىجىسىدە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشتىن قورقاتتى، شۇنداقلا نەپسىنى خاھىشىدىن توسۇپ ياشايتتى. ئەمما بۇلار ئۆلگىنىدىن كېيىن قايتا تىرىدۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى، بۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلاتتى، شۇنداقلا بۇ ئېتىقادىنى ھەر پۇرسەتتە سۆزلەيتتى. ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە، مۇئمىنلەرنىڭ دۇنيادىكى ۋاقىتلىق ئىچ پۇشۇقىغا مەڭگۈلۈك خۇشاللىق بىلەن مۇكاپات، كافىرلارنىڭ دۇنيادىكى ۋاقىتلىق خۇشاللىقىغا مەڭگۈلۈك ئىچ پۇشۇقى بىلەن جازا بېرىدۇ. 9 - ئايەت بىلەن بۇ ئايەتلەر بۇ ئىنچىكىلىككە دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلَىٰ إِنَّ رَبَّهُ كَانَ بِهِ بَصِيرًا
ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى رەببى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تورغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلۋەتتە ھېساب بېرەتتى. چۈنكى رەببى ئۇنى كۆرۈپ تۇراتتى. — ئەنەس ئالىم
ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايتتى، ئەكسىچە رەببى ئۇنى چوقۇم قايتا تىرىلدۈرەتتى ۋە ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالاتتى. «رەببى ئۇنى كۆرۈپ تۇراتتى» - ئۇ كىشى دۇنيادىكى چېغىدا قايتا تىرىلىپ ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلغان. ئۇ، بۇ بۇزۇق ئېتىقادىنى سۆزلىگەن ۋە شۇ بويىچە ياشىغان ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا رەببى ئاللاھ ئۇنىڭ دىلىدىكى بۇزۇق ئېتىقاد، تىلىدىكى يالغان سۆز ۋە پۇت - قول ئەزالىرىدىكى يامان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە بېرىلگەن بۇ جازا ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَا أُقْسِمُ بِالشَّفَقِ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
شەپەق بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كىشى: «ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش يوق، ھېساب يوق، جازا يوق» دەپ ئويلايدۇ. ياق، ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ: ئۇ «يوق» دېگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم بولىدۇ. شەپەق بىلەن قەسەم قىلىمەنكى... — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّيْلِ وَمَا وَسَقَ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى
كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، — ئەنەس ئالىم
ئەسلىدە كېچە، كۈننىڭ پېتىشى بىلەن چىقىشى ئارىسىدىكى ۋاقىتتۇر. كۈننىڭ چىقىشى بىلەن پېتىشى ئارىسىدىكى ۋاقىت كۈندۈزدۇر. لېكىن باشتىكى ئايەتتە كېچىنىڭ بىر قىسمى بولغان «شەپەق» ۋاقتى ئايرىم زىكىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايەتتىكى «كېچە» كېچىنىڭ شەپەقتىن كېيىن كۈن چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى قىسمىنى ئىپادىلەيدۇ. «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر»، خۇددى 69 - سۈرە (ھاققە)نىڭ 38 - ۋە 39 - ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىدە «سىلەر كۆرۈۋاتقان نەرسىلەر بىلەن ۋە سىلەر كۆرمەيۋاتقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى» دەپ ئۆتكەن «نەرسىلەر»گە ئوخشاش پۈتۈن مەخلۇقاتنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالْقَمَرِ إِذَا اتَّسَقَ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
نۇرى كامالەتكە يەتكەن تولۇن ئاي بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى
تولۇن بولغان چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەن، — ئەنەس ئالىم
(18-19) ئاللاھ تائالا بۇ يەردە تۆت نەرسە بىلەن قەسەم قىلىدۇ: 1) شەپەق، 2) كېچە، 3) كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئاستىدا مەۋجۇت بولغان ھەر نەرسە، 4) تولۇن ئاي. قەسەم - سۆزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش، ئىشنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلەش، ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ قىلىنغان قەتئىي سۆز دېمەكتۇر. ئاللاھتىن غەيرىينىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا بەزى مەسىلىلەرنى بەزى مەخلۇقاتى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ بىلدۈرىدۇ. بۇ، ئۇ نەرسىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى قۇرئان كەرىمدە كۆپتۇر، ھەتتا قۇرئان كەرىمدە 17 سۈرە ئاللاھنىڭ قەسىمى بىلەن باشلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئەنە شۇ تۆت نەرسە بىلەن قەسەم قىلىپ ئىنسانلارنىڭ ھالدىن ھالغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «سىلەر ھالدىن ھالغا يۆتكىلىسىلەر» - سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدا ھالدىن ھالغا يۆتكىلىسىلەر، تۇغۇلغاندىن كېيىن يەنە ھالدىن ھالغا يۆتكىلىسىلەر. ئىش ئۆلۈم بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئالدىڭلاردا ئۆلۈم بار، ئۆلۈمدىن كېيىن قايتا تىرىلىش، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىش، ئاندىن جازاغا مەھكۇم بولۇش ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىش قاتارلىقلار بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَتَرْكَبُنَّ طَبَقًا عَنْ طَبَقٍ
سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تورىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ھالدىن ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
فَمَا لَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇلارغا نېمە بولدىكى، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا نېمە بولدىكىن، ئىمان ئېيتمايۋاتىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئۇلارنىڭ بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىشى ئەنە شۇنداق ھەقىقەت ۋە ئەمەلىيەتتۇر. ئۇلار بۇنى بىلگەن تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئىمان ئېيتمايۋاتىدۇ؟ ئۇلارنى ئىماندىن نېمە توسۇۋاتىدۇ؟ ئۇلار تەرسالىقنى ۋە تەقلىدچىلىكنى تاشلاپ ئىمان ئېيتسا نېمە زىيان تارتىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا قُرِئَ عَلَيْهِمُ الْقُرْآنُ لَا يَسْجُدُونَ ۩
ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇلغاندا سەجدە قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتىكى «سەجدە»نىڭ مەنىسى قوبۇل قىلىش ۋە بويسۇنۇش دېمەكتۇر. بۇ ئالدى بىلەن دىلدا باشلىنىدۇ. مۇئمىنلەرگە قۇرئان ئوقۇلسا ئىمانى زىيادە بولىدۇ، كافىرلارغا قۇرئان ئوقۇلسا كۇفرىلىقى زىيادە بولىدۇ. بۇ يەردىكى «سەجدە»نىڭ مەنىسىنىڭ بويسۇنۇش ئىكەنلىكىنى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەت كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا يُكَذِّبُونَ
بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بەلكى كاپىرلار يالغانغا چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بەلكى كافىرلار راستنى يالغان دەۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(22-23) ئەسلىدە ئۇ كافىرلارنىڭ قۇرئاننى ئاڭلىغاندا دەرھال قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى، ئەكسىچە ئۇلار قىلمىشى بىلەن قۇرئاننى «يالغان» دەۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا 82 - سۈرە (ئىنفىتار)نىڭ 9 - ئايىتىدە ﴿كَلَّا بَلۡ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ﴾ «ياق، ئەسلىدە سىلەر دىننى يالغان دەۋاتىسىلەر» دېگەندىن كېيىن ﴿وَإِنَّ عَلَيۡكُمۡ لَحَٰفِظِينَ٠﴾ «ھالبۇكى، ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچىلەر بار» دەپ ئاگاھلاندۇرغانغا ئوخشاش، بۇ سۈرىنىڭ بۇ ئايىتىدە (22 - ئايەتتە) ﴿بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُكَذِّبُونَ﴾ «بەلكى ئۇ كافىرلار يالغان دەۋاتىدۇ» دەپ ئۇلارنىڭ قۇرئاننى يالغان دەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن 23 - ئايەتتە ﴿وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُوعُونَ﴾ «ئاللاھ ئۇلار ئۆز دىللىرىدا ساقلاۋاتقان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دەپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرماقتىدۇر. بۇ دالالەت قىلىدۇكى، دىننى ياكى قۇرئاننى سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن «يالغان» دەۋاتقانلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا دىللىرىدىكى ئىنكار، يامان نىيەت، ھەسەت، ئاداۋەت قاتارلىق مەينەتلەرنىڭ، تىللىرىدىكى يالغانلارنىڭ ۋە پۇت - قول ئەزالىرىدىكى يامانلىقلارنىڭ مەسئۇل پەرىشتە كاتىپلار تەرىپىدىن يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىسۇن؛ تەرسالىق، تەقلىدچىلىك ۋە بىپەرۋالىقنى تەرك ئېتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھالبۇكى ئاللاھ، ئۇلارنىڭ يوشۇرىۋاتقانلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلار ئۆز دىللىرىدا ساقلاۋاتقان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنداقتا ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى ئەنە مەيداندا. ئۇلار بۇنى بىلىدۇ، لېكىن يەنىلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەۋاتىدۇ. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ بۇ ئازاب بىلەن ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى بۇ ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇلار ئۈچۈن «خۇش خەۋەر»دۇر. دەرۋەقە، قۇرئان پۈتۈن ئىنسان ۋە جىن بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغان مۆجىزە كىتاب تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئەمەل قىلىش بىلەن ئۆزىنى دوزاختىن ساقلىمىغانلارنىڭ بۇ قىلمىشى «مەن دوزاختىن قورقمايمەن، دوزاختا ئازاب چېكىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېگەن مەنىنى ئپادىلەيدۇ. ئۇلارغا: «بۇ يولۇڭلاردىن يانمىساڭلار، دوزاخقا كىرىسىلەر، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىسىلەر» دېيىش، ئەسلىدە ئاگاھلاندۇرۇش بولسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن «خۇش خەۋەر»دۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ دوزاخ تەرەپكە مېڭىشى ئۇنى ئارزۇ قىلغانلىقىدۇر. ئۇلارغا ئارزۇسىغا يېتىدىغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى بېرىش «خۇش خەۋەر» بەرگەنلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر مۇستەسنادۇركى، ئۇلار ئۈچۈن ئۈزۈلمەس مۇكاپات باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مۇستەسنا. ئۇلارغا تۈگىمەيدىغان مۇكاپات بار. — ئەنەس ئالىم
دۇنيا ھاياتىنى ئىمان ئېيتىپ ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ياشىغان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان مۇكاپات مەڭگۈ بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى