ساد سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 88 ئايەت
مەنىسى: «ص» ھەرپى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ھەرپ بىلەن باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ص ۚ وَالْقُرْآنِ ذِي الذِّكْرِ
    ساد. شانلىق قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن مۆجىزىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    ساد. شانلىق قۇرئان بىلەن قەسەمكى، كاپىر بولغانلار مەغرۇرلۇق ۋە ئىختىلاپ ئىچىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساد. زىكىر مەنبەسى بولغان قۇرئان بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (1-2) ساد. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. ئى ئىنسانلار! ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىم ۋە نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرئان بىلەن قەسەمكى، ئەمەلىيەت بۇ كافىرلار ئېيتقاندەك ئەمەس، يەنى مۇھەممەد ئەقلىدىن ئازغان ياكى سېھىرگەر ۋە ياكى يالغانچى ئەمەس، قۇرئان ئويدۇرما سۆز ئەمەس. ئەكسىچە بۇ كافىرلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ھەقىقەتكە قارشى تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (38-سۈرە ساد، 2-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق
    بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي عِزَّةٍ وَشِقَاقٍ
    بەلكى كاپىرلار ئىماندىن باش تارتماقتا ۋە (رەسۇلۇللاھقا) مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتا — مۇھەممەد سالىھ

    — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىش كافىرلار دېگەندەك ئەمەس، بەلكى كافىرلار مەغرۇرلانماقتا ۋە قارشى تۇرماقتا. — ئەنەس ئالىم

  3. كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ فَنَادَوْا وَلَاتَ حِينَ مَنَاصٍ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى (كۇفرى تۈپەيلىدىن) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، (بۇ) قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار -ئازابنى كۆرگەندە- پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، بۇ قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرۈپ پەرياد قىلىشتى، لېكىن زامان قېچىپ قۇتۇلۇش زامانى ئەمەس ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى، بىزگە كۇفرىلىق قىلغانلىقى ۋە ئەلچىلىرىمىزگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرۈپ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى، شۇنداقلا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتى، لېكىن بۇ ئېتىراپ ۋە ئېلاننىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى، چۈنكى زامان ئۆزرە ئېيتىپ ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلۇش زامانى ئەمەس، ئەكسىچە ئازابنى چېكىش زامانى ئىدى. سېنىڭ قەۋمىڭمۇ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەشنى داۋاملاشتۇرسا ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. وَعَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ ۖ وَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
    ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىگە ئەجەبلەندى ۋە ئۇ كافىرلار مۇنداق دېيىشتى: «شۇ مۇھەممەد سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (4-5) بۇ مۇشرىكلار، ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىگە ئەجەبلەندى؛ ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە نىجاتلىق يولىغا باشلىشى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر ئىنساننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە ھەيران قېلىشتى ۋە ئۇ كافىرلار: «شۇ مۇھەممەد سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر؛ ئۇ پەيغەمبەر ئەمەس، ئەكسىچە ئۆز قەۋمىنى ئالدىماقتىدۇر، ئۇلارغا يالغان ئېيتماقتىدۇر. ئۇ بىزنىڭ كۆپ ئىلاھلىرىمىزنى يالغۇز بىر ئىلاھقا ئايلاندۇرامدۇ؟ ئۇ بۇنى قانداقمۇ قىلىدۇ؟! ئۇنىڭ قىلماقچى بولغان بۇ ئىشى ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر، ھەقىقەتەن غەلىتە ئىشتۇر». ئەسكەرتىش: تارىخى بويىچە پەيغەمبەرگە قارشى چىقىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن قەۋملەرنىڭ، كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكى ھەققىدە 25 - سۈرە (فۇرقان)نىڭ 7 - ۋە 8 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. أَجَعَلَ الْآلِهَةَ إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عُجَابٌ
    ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىلاھلارنى يالغۇز بىر ئىلاھ قىلدىمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر». — ئەنەس ئالىم

  6. وَانْطَلَقَ الْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ امْشُوا وَاصْبِرُوا عَلَىٰ آلِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ يُرَادُ
    ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيشنىڭ) كاتتىلىرى (سورۇنلىرىدىن) قوزغىلىپ چىقىپ ئېيتتى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن (بىزدىن) ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش (يەنى مۇھەممەد سىلەرنى دىنىڭلاردىن تاندۇرۇپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى ئىرادە قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى -سورۇنلىرىدىن- قوزغىلىپ چىقىپ: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى مۇنۇ سۆزلەرنى قىلىشقان ھالدا يۈرۈشتى: «مېڭىڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئىرادە قىلىنىدىغان نەرسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (6-8) ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى ۋە چوڭلىرى بىر - بىرىگە مۇنۇ سۆزلەرنى قىلىشقان ھالدا يۈرۈشتى: «مېڭىڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرۇڭلار، چۈنكى مۇھەممەد سىلەرنى دىنىڭلاردىن تاندۇرۇپ ئۆز دىنىنىڭ دىندارى قىلىشنى، شۇنداقلا سىلەرگە ھۆكۈمران بولۇشنى ئىرادە قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ نىيىتى بۇزۇق، مەقسىتى يامان ۋە نىشانى سىلەرگە ئۈستۈنلۈك قىلىشتۇر. بىز، مۇھەممەد دەۋەت قىلغان بۇ تەۋھىد ئېتىقادىنى ئاخىرقى دىن - خىرىستىيانلىقتىمۇ ئاڭلىمىدۇق، چۈنكى خىرىستىيانلار بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ئۈچ ئىلاھقا چوقۇنىدۇ. ئۇنداقتا، مۇھەممەد دەۋەت قىلغان دىن پەقەت ئويدۇرمىدىنلا ئىبارەتتۇر، شۇڭلاشقا مۇھەممەدكە ئالدىنىپ ئۆز دىنىڭلارنى تەرك ئەتمەڭلار، ئەكسىچە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشنى كۈچەيتىڭلار. قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنىپتۇمۇ؛ بىز تۇرغۇچىدا قۇرئان مۇھەممەدكە چۈشۈپتىمۇ؟! ئۇنىڭ بىزدىن قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟! ياق، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن ۋەھىي كەلگىنى يوق، ئۇ يالغان ئېيتماقتا ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتماقتىدۇر». (ئاللاھ ئېيتىدۇ)، ياق، مۇشرىكلار يالغان ئېيتماقتىدۇر ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلماقتىدۇر، شۇنداقلا مەن نازىل قىلغان قۇرئاندىن قاتتىق شەك قىلماقتىدۇر، چۈنكى ئۇلار ئازابىمنى تېخى تېتىمىدى، ئۇلار ھازىرغىچە بىرەر ئازابىمنى تېتىغان بولسا ئىدى ئۇنداق قىلمىغان بولاتتى. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «مېڭىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمىنىڭ ھەقىقىي مەنىدە بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار، بۇ تەقدىردە بۇ ئۇلارنىڭ، ئەبۇ تالىبنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇ ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۇنغان تەكلىپىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ ئۆزئارا: «مېڭىڭلار ۋە ئۆز دىنىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار» دېگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ «مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرىگە ئالدانماي، ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىي يولۇڭلاردا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» دېگەن مەجازىي مەنىدە بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. بۇ كەلىمە قايسى مەنىدە بولسا بولسسۇن نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ئۇلارنى بىر - بىرىگە مۇشۇنداق تەۋسىيەلەرنى قىلىشىش نەتىجىسىدە ئۆز دىنىدا قالغانلىقىنى ئېيتىشقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئاگالاندۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي الْمِلَّةِ الْآخِرَةِ إِنْ هَٰذَا إِلَّا اخْتِلَاقٌ
    بۇنى بىز باشقا بىر دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىكىلەردىن) ئاڭلىمىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇنى بىز باشقا بىر دىندا ئاڭلىمىدۇق، بۇ بىر ئويدۇرمىدىنلا ئىبارەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇ تەۋھىد ئېتىقادىنى ئاخىرقى دىندىمۇ ئاڭلىمىدۇق. بۇ ئويدۇرمىدىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

  8. أَأُنْزِلَ عَلَيْهِ الذِّكْرُ مِنْ بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ مِنْ ذِكْرِي ۖ بَلْ لَمَّا يَذُوقُوا عَذَابِ
    قۇرئان بىزگە نازىل بولماي ئۇنىڭغا نازىل بولدىمۇ؟» بەلكى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (يەنى قۇرئان) دىن شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلار تېخى مېنىڭ ئازابىمنى تېتىغىنى يوق — مۇھەممەد سالىھ

    «قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل بوپتىمۇ؟». ياق، توغرىسى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم –قۇرئان- ھەققىدە شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلارنىڭ تېخى ئۇ ئازابنى تېتىغىنى يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنىپتۇمۇ؟». بەلكى ئۇلار مېنىڭ قۇرئانىمدىن قاتتىق شەك قىلماقتىدۇر[1]. بەلكى ئۇلار ئازابىمنى تېخى تېتىمىدى. — ئەنەس ئالىم

  9. أَمْ عِنْدَهُمْ خَزَائِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ الْعَزِيزِ الْوَهَّابِ
    ياكى ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك رەببىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئەزىز ۋە كۆپ بېغىشلىغۇچى رەببىڭنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرماقتىدۇر، ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىگە ئۆزى خالىغان نەرسىنى بېرىدۇ، جۈملىدىن ئۆزى خالىغان بەندىسىگە ۋەھىي نازىل قىلىپ ئۇنى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ، پەيغەمبەرلىككە كىمنى تاللىشىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ مۇشرىكلار: «بىز تۇرغۇچىدا قۇرئان مۇھەممەدكە چۈشۈپتىمۇ؟» دەۋاتىدۇ. ئى مۇھەممەد! سىنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى ئۇلارنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، ناۋادا ئۇنداق بولسا ئىدى ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان كىشىنى ئىلاھىي رەھمەتتىن مەھرۇم قىلاتتى، ئۆزلىرى خالىغان كىشىگە ئىلاھىي رەھمەتنى بېرەتتى، جۈملىدىن ئۆزلىرى خالىغان كىشىنى پەيغەمبەر قىلاتتى. ئەمما ئۇنداق ئىش يوق، سېنى بىز تاللاپ پەيغەمبەر قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. أَمْ لَهُمْ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ فَلْيَرْتَقُوا فِي الْأَسْبَابِ
    ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ (ئەگەر ئۇلار ئىگە بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىدىغان) شوتىلارغا چىقسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ۋەياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ شۇنداق بولىدىغان بولسا سەۋەبلىرىنى قىلىپ يۈكسىلىپ باقسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا ئۇلار سەۋەبلەردە يۈكسەلسۇن[2]. — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغىمۇ ئۇلار ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭ ئىلكىدە بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەر ئاسماننىڭ شوتىسىغا چىقىپ يەتتىنچى ئاسمانغىچە چىقسۇن ۋە ساڭا نازىل قىلىنىۋاتقان قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشىغا توسالغۇ بولسۇن، قىلالىسا مۇشۇنداق قىلسۇن. ئۇلار بۇنى ئەسلا قىلالمايدۇ، چۈنكى ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچى، ئىگىسى ۋە پادىشاھى بىز - ئاللاھدۇرمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. جُنْدٌ مَا هُنَالِكَ مَهْزُومٌ مِنَ الْأَحْزَابِ
    ئۇلار (رەسۇلۇللاھقا قارشى) جامائەلەردىن ئۇيۇشقان، مەغلۇب قىلىنىدىغان قوشۇندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاشۇ جايدا جامائەلەردىن ئۇيۇشقان مەغلۇب قىلىنىدىغان قوشۇندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ يەرد كىچىككىنە بىر قوشۇندۇر، يېڭىلگۈچىدۇر، گۇرۇھلاردىندۇر[3]. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ساڭا قارشى چىقىۋاتقان بۇ مۇشرىكلار مەككىدە ساڭا قارشى بىرلەشكەن كىچىككىنە بىر قوشۇن بولۇپ، بۇ قوشۇن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىپ يېڭىلىپ كەتكەن گۇرۇھلارغا ئوخشاش يېڭىلىپ كېتىشكە مەھكۇمدۇر؛ ئۇلار يېقىندا يېڭىلىدۇ، سەن غالىب كېلىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ ذُو الْأَوْتَادِ
    ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن) ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد (قەۋمى) ۋە قوزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋن (قەۋمى) (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (ئىزاھات: پىرئەۋن جازالىماقچى بولغان كىشىنى قول ـ پۇتلىرىدىن تۆت قوزۇققا باغلاپ قىيناپ ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا قوزۇقلار ئىگىسى دەپ نام ئالغان.) (ئىزاھات: پىرئەۋن جازالىماقچى بولغان كىشىنى قول ـ پۇتلىرىدىن تۆت قوزۇققا باغلاپ قىيناپ ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا قوزۇقلار ئىگىسى دەپ نام ئالغان.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە قوزۇقلار ئىگىسى[1] پىرئەۋن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە قوزۇقلارنىڭ ئىگىسى بولغان فىرئەۋن راستنى يالغان دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (12-14) ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە قوزۇقلارنىڭ ئىگىسى بولغان فىرئەۋن، سەمۇد، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە ئەيكەلىكلەرمۇ مېنىڭ ئەلچىلىرىمنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا قارشى چىققان ئىدى. ئەنە شۇلار ئەلچىلىرىمگە قارشى ئۇيۇشقان گۇرۇھلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچىغا چىقىرىپ ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولدى، شۇنداقلا ھالاك قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍ وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ ۚ أُولَٰئِكَ الْأَحْزَابُ
    سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەر (يەنى شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى) مۇ (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى)، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى ئۇيۇشقان) جامائەلەر ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى، ئەنە شۇلار ئىتتىپاقداشلار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەمۇد، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە ئەيكەلىكلەرمۇ شۇنداق قىلغان. ئەنە شۇلار ئەلچىلىرىمگە قارشى ئۇيۇشقان گۇرۇھلار ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  14. إِنْ كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ
    ئۇلار (يەنى جامائەلەر) دىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ئازابىم تېگىشلىك بولدى. — ئەنەس ئالىم

  15. (38-سۈرە ساد، 15-ئايەت) تىرىلىش سۇر چىلىنىشى
    وَمَا يَنْظُرُ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً مَا لَهَا مِنْ فَوَاقٍ
    بۇلار پەقەت بىر ئاۋاز (يەنى بىرىنچى قېتىملىق سۇر) نىلا كۈتىدۇ، ئۇ قايتىلانمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلار پەقەت قايتىشى بولمايدىغان قاتتىق بىر ئاۋازنىلا كۈتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار دەھشەتلىك بىر ئاۋازنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ، ۋاقتىدىن قىلچە كېچىكمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ساڭا قارشى بىرلەشكەن بۇ كىچىككىنە قوشۇن يۇقىرىدا (11 - ئايەتتە) بىلدۈرۈلگەن بويىچە دۇنيادا يېڭىلىدۇ. قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ، كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە بۇ دۇنيادا بەرگەن جازايىمىز، ئۇلارغا بېرىدىغان جازايىمىزنىڭ ھەممىسى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئەسلىي جازا ئاخىرەتتىكى جازادۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. وَقَالُوا رَبَّنَا عَجِّلْ لَنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ الْحِسَابِ
    ئۇلار (مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن): «پەرۋەردىگارىمىز! (سەن بىزگە ئازابتىن ۋەدە قىلغان) نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق- قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «رەببىمىز! نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق - ھېساپ كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «رەببىمىز! بىزنىڭ ئازابتىن نېسىۋىمىزنى تېزلىتىپ ھېساب كۈنىدىن بۇرۇن بەرگىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار، تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە ئازابقا يولۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەرنى ئاڭلىسا ئۇ ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار بۇ قېتىم ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلەپ ۋە ئاخىرەتنى مەسخىرە قىلىپ: «رەببىمىز! بىزنىڭ ئازابتىن نېسىۋىمىزنى تېزلىتىپ ھازىر مۇشۇ دۇنيادا بۇرۇن بەرگىن» دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ تەرسالىقتا، تەقلىدچىلىكتە ۋە گەدەنكەشلىكتە يەتكەن ئاخىرقى نۇقتىسىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. اصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُودَ ذَا الْأَيْدِ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
    ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن ۋە كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى زىكىر قىلغىن. ئۇ داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى. — ئەنەس ئالىم

    (17-20) ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارنىڭ، ھەققىڭدە ئېيتقان (ساھىر، شائىر، كاھىن، ساراڭ دېگەندەك) ناشايان سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئىمان ۋە ئەمەلدە كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنىڭ ھاياتىنى ئېسىڭدە تۇتقىن: داۋۇد داۋاملىق بىزگە تائەت - ئىبادەت قىلاتتى. بىز تاغلارنى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا ۋە كۈن چىقىپ نۇر چاچقاندا داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. توپلانغان قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزگە تائەت - ئىبادەت قىلاتتى، تەسبىھ ئېيتىپ بىزگە يۆنىلەتتى. بىز داۋۇدنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۇنىڭغا ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بەردۇق. سەنمۇ داۋۇدنى ئۈلگە ئېلىپ تائەت - ئىبادەتكە كۈچىگىن، دەۋەت يولىدا كەلگەن جاپا - مۇشەققەتلەرگە سەۋر قىلغىن، دەۋەت پائالىيىتىڭنى دادىللىق بىلەن داۋاملارشتۇرغىن، بۇ يولدا ئاداققىچە بەل قويۇۋەتمىگىن. بىز ئۆز ۋاقتىدا بەندىمىز داۋۇدنى، قىلغان تائەت - ئىبادەت، كۆرسەتكەن سەۋرچانلىق ۋە ئېلىپ بارغان كۈرىشى ئۈچۈن مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك ھازىر سېنىمۇ مۇكاپاتلايمىز؛ ئۆز ۋاقتىدا داۋۇد پۈتۈن قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ نۇسرەت ۋە زەپەرگە ئېرىشكەندەك، سەنمۇ بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ نۇسرەت ۋە زەپەرگە ئېرىشىسەن، ئاخىرىدا سەن غالىب كېلىسەن، دۈشمەنلىرىڭ مەغلۇپ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. إِنَّا سَخَّرْنَا الْجِبَالَ مَعَهُ يُسَبِّحْنَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِشْرَاقِ
    بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز تاغلارنى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا ۋە كۈن چىقىپ نۇر چاچقاندا داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. — ئەنەس ئالىم

  19. وَالطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَهُ أَوَّابٌ
    قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ ـ تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    توپلانغان قۇشلارنىمۇ بويسۇندۇردۇق. ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزگە يۆنىلەتتى. — ئەنەس ئالىم

  20. وَشَدَدْنَا مُلْكَهُ وَآتَيْنَاهُ الْحِكْمَةَ وَفَصْلَ الْخِطَابِ
    داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز ـ ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە دانە - دانە سۆز قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۇنىڭغا ھېكمەت، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بەردۇق. — ئەنەس ئالىم

  21. (38-سۈرە ساد، 21-ئايەت) ئادالەت داۋۇت ۋە سۇلايمان
    وَهَلْ أَتَاكَ نَبَأُ الْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا الْمِحْرَابَ
    (ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسەسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان) مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار -داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان- مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساڭا دەۋاچىلارنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئىبادەتخانىنىڭ تېمىدىن ئاتلاپ، — ئەنەس ئالىم

    (21-22) ئى مۇھەممەد! ساڭا، داۋۇدنىڭ يېنىغا كىرگەن دەۋاچىلارنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا داۋۇد ئىبادەتخانىسىدا ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئەسنادا، دەۋاچى ئىككى تەرەپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكىنى قويۇپ تېمىدىن ئاتلاپ داۋۇدنىڭ يېنىغا ئۇشتۇمتۇت كىرگەن ئىدى. ئۇلار داۋۇد ئادەتتە دەۋا - دەستۇر ئىشلىرىنى سوراش ئۈچۈن ئولتۇرمايدىغان، ئەكسىچە ئىبادەتخانىسىدا يالغۇز قېلىپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ۋاقىتتا تامدىن ئاتلاپ ھەمدە ئىجازەت سورىمايلا كىرگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇد ئۇلارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار داۋۇدقا: «قورقماڭ، بىز بىر - بىرىمىزگە ھەقسىزلىق قىلغان ئىككى دەۋاگەر بولىمىز. بىزنى ئايرىپ قويۇشىڭىز ئۈچۈن كەلدۇق؛ ئارىمىزدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭ، بىزگە زۇلۇم قىلماڭ ۋە بىزنى ھەققانىي يولغا باشلاڭ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. إِذْ دَخَلُوا عَلَىٰ دَاوُودَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍ فَاحْكُمْ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَاهْدِنَا إِلَىٰ سَوَاءِ الصِّرَاطِ
    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار -داۋۇدقا-: «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز ـ بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    داۋۇدنىڭ يېنىغا ئۇشتۇمتۇت كىرگەن ئىدى، داۋۇد ئۇلاردىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «قورقمىغىن، بىز بىر - بىرىمىزگە زۇلۇم قىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز. بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، زۇلۇم قىلمىغىن ۋە بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن»، — ئەنەس ئالىم

  23. إِنَّ هَٰذَا أَخِي لَهُ تِسْعٌ وَتِسْعُونَ نَعْجَةً وَلِيَ نَعْجَةٌ وَاحِدَةٌ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِي فِي الْخِطَابِ
    (ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، (ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇلارنىڭ بىرى-:«شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، -ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ- ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ، بۇنىڭ [99] تۇياق ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر تۇياق ساغلىقىم بار. بۇ قېرىندىشىم ئۇ ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دېدى ۋە مېنى سۆزدە يەڭدى». — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن ئۇلار مەسىلىسىنى بايان قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دېدى: «مەن بىلەن بىللە ئەرز قىلىپ يېنىڭىزغا كىرگەن بۇ كىشى مېنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ، بۇنىڭ 99 تۇياق ساغلىق قويى بار، مېنىڭ بىر تۇياق ساغلىق قويۇم بار. بۇ قېرىندىشىم مېنىڭ بىر ساغلىقىمنى مەندىن تەلەپ قىلىپ: ‹ساغلىقىڭنى ماڭا بەرگىن، ماڭا ئۆتۈنگىن، ئۇنى مېنىڭ 99 تۇياق ساغلىقىمغا قوشۇپ 100 قىلاي› دېدى، ئۇ سۆزگە ئۇستا بولغانلىقتىن سۆزدە ۋە مۇنازىرىدە مېنى يەڭدى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْخُلَطَاءِ لَيَبْغِي بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَقَلِيلٌ مَا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُودُ أَنَّمَا فَتَنَّاهُ فَاسْتَغْفَرَ رَبَّهُ وَخَرَّ رَاكِعًا وَأَنَابَ ۩
    داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر ـ بىرىنىڭ (ھەققىگە) چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر ـ بىرىنىڭ ھەققىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (ئاللاھقا) تەۋبە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستتىنلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن يېقىن دوستلار بىر ـ بىرىگە چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا بولاردىن مۇستەسنا، بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى ۋە سەجدىگە باردى؛ تەۋبە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    داۋۇد مۇنداق دېدى: «بۇ قېرىندىشىڭ، سېنىڭ بىر ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى سوراپ، ساڭا ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلىپتۇ. شۈبھىسىزكى، شېرىكلەرنىڭ تولىسى بىر - بىرىگە ھەقسىزلىق قىلماقتىدۇر. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، لېكىن ئۇلار بەك ئازدۇر». داۋۇد ئۆزىنى بىزنىڭ سىنىغانلىقىمىزنى چۈشەندى - دە، رەببىدىن مەغپىرەت تىلىدى، ئېگىلىپ سەجدىگە يىقىلدى ۋە رەببىگە يۆنەلدى. — ئەنەس ئالىم

    داۋۇد دەۋاچىلەردىن بىر تەرەپنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يەنە بىر تەرەپتىن گەپ سورىمايلا مۇنداق دېدى: «بۇ قېرىندىشىڭ، سېنىڭ بىر ساغلىق قويۇڭنى ئۆزىنىڭ 99 تۇياق ساغلىق قويىغا قوشۇۋېلىشنى سوراپ، ساڭا ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلىپتۇ. بۇ، بىرلىشىپ ئىش قىلىدىغان ۋە ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلارنىڭ ئادىتىدۇر، شۇ بىر ھەقىقەتكى: ئۇنداقلارنىڭ تولىسى بىر - بىرىگە ھەقسىزلىق قىلماقتىدۇر، لېكىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىر - بىرىگە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ، چۈنكى تەقۋادارلىق بىراۋغا زۇلۇم قىلىشتىن ۋە باشقىسىنىڭ مېلىنى ناھەق ئېلىۋېلىشتىن توسىدۇ. ئۆزى كەلتۈرگەن ئىماندا چىڭ تۇرىدىغان، ئۆزى قىلغان ياخشى ئەمەلگە خىلاپ ئىش قىلمايدىغان، شۇنداقلا بىراۋغا ھەقسىزلىق قىلمايدىغان ئوبدان ئادەملەر بەك ئازدۇر». داۋۇد بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ، بۇ دەۋانى بىزنىڭ پىلانلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىنى بىزنىڭ سىنىغانلىقىمىزنى چۈشەندى - دە، بىزدىن كەچۈرۈم سورىدى بىزگە ئېھتىرام قىلىپ سەجدىگە يىقىلدى ۋە بىزگە يۆنىلىپ تەۋبە - ئىستىغپار قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. فَغَفَرْنَا لَهُ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ
    بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى مەغپىرەت قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى مەغپىرەت قىلدۇق. ئۇنى ھۇزۇرىمىزدا ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرىمىز ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت خاتالىقىنى كەچۈردۇق. ئۇ سەمىمىي تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىز قىيامەت كۈنى ئۇنى ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرىمىز ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ
    ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە سەندىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمدار قىلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ئى داۋۇد! بىز سېنى زېمىندا خەلىپە قىلدۇق[4]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشمىگىن. ئەگەر نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشسەڭ، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلارغا ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار». — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ئى داۋۇد! بىز سېنى زېمىندا ھۆكۈمدار قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ھېچبىر ئىشتا، بولۇپمۇ ھۆكۈم قىلىشتا نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشمىگىن. ئەگەر نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشسەڭ، بىزنىڭ يولىمىزدىن چەتنەپ كېتىسەن؛ گۇمراھ بولۇپ كېتىسەن، بىزنىڭ يولىمىزدىن ئازغان، ھەقىقەتتىن چەتنىگەن، بولۇپمۇ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ھەققانىي ھۆكۈم قىلمىغانلار قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ھېساب كۈنىنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَاطِلًا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنَ النَّارِ
    ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، دوزاخقا كىرىدىغان بۇ كاپىرلارغا ئىسىت! — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق. ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش كافىرلارنىڭ گۇمانىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇ كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ كافىرلار دوزاخقا كىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنى بىكار ياراتمىدۇق؛ نىشانسىز، سەۋەبسىز ۋە ھېكمەتسىز ياراتمىدۇق، ئەكسىچە بىز ئۇلارنى ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلاش ، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئۇلاردىن شۈكۈر قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئاندىن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتۇق. كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر، ئاللاھ ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنى بىكار ياراتقان، ھېكمەتسىز ياراتقان دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ دۇنيادا خالىغىنىچە ياشىۋالسا ئۆزلىرىدىن بىر كۈنى بۇنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلىدۇ. بۇ خاتا كۆزقاراش ۋە يامان گۇمانلىرى سەۋەبلىك ئۇ كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار يېقىندا كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇ كافىرلارنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. أَمْ نَجْعَلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَالْمُفْسِدِينَ فِي الْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ الْمُتَّقِينَ كَالْفُجَّارِ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئوخشاش كۆرەمدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى گۇناھكارلار بىلەن ئوخشاش كۆرەمدۇق؟ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ياخشى ئادەملەر بىلەن زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان يامان ئادەملەرنى ئوخشاش كۆرمەيمىز؛ ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە ئىتائەت قىلغان ئىخلاسمەنلەر بىلەن ئەمر - پەرمانلىرىمىزغا بويۇنتاۋلىق قىلغان گەدەنكەشلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايمىز. بۇ ئىككى پىرقىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش بىزنىڭ ئادالىتىمىزگە توغرا كەلمەيدۇ، ئەكسىچە بىز ئىخلاسمەن مۇئمىنلارنى مۇكاپاتلايمىز، گەدەنكەش كافىرلارنى جازالايمىز. دېمەككى، باشقا بىر دۇنيا بار بولۇپ، ئۇ دۇنيا قىيامەت قايىم بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ، بىز ئۇ كۈنى بارلىق بەندىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىمىز ۋە ھەر كىشىنى مۇشۇ دۇنيادا قىلغان ئەمىلىگە قارىتا ئاخىرقى مەنزىلىگە مەڭگۈ قېلىشى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىمىز؛ ياخشىلارنى جەننەتكە، يامانلارنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ
    (بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ قۇرئان، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بۇ بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر. ئىنسانلار ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشسۇن ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئويلانسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مانا بۇ قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر. بۇ كىتاب، ئادىل ھۆكۈملەرنى، لازىملىق ئىلىملەرنى ۋە پايدىلىق نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئايەتلىرىنى چۈشەنگەن ۋە ئىشىنىپ ئەمەل قىلغانلارنى بەخت - سائادەت يولىغا باشلايدۇ؛ بۇ كىتابنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈملەرگە بويسۇنغان، ئىلىملەرگە ئەمەل قىلغان ۋە نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. وَوَهَبْنَا لِدَاوُودَ سُلَيْمَانَ ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
    بىز داۋۇدقا سۇلايماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلايمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (ئاللاھقا) ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ ئاللاھقا- ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق. سۇلەيمان بەك ياخشى بەندە ئىدى. چۈنكى ئۇ داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى. — ئەنەس ئالىم

    بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق. سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە ئىدى. سۇلەيماننىڭ ياخشى بەندە بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ تائەت - ئىبادەت بىلەن داۋاملىق بىزگە يۆنىلىشى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (38-سۈرە ساد، 31-ئايەت) داۋۇت ۋە سۇلايمان
    إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِالْعَشِيِّ الصَّافِنَاتُ الْجِيَادُ
    ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    كەچقۇرۇندا ئۇنىڭ ئالدىدىن ئېسىل ۋە يۈگۈرۈك ئاتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (31-33) ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا بىر كەچقۇرۇنلۇقى سۇلەيماننىڭ ئېسىل ۋە يۈگۈرۈك ئاتلىرىنى، مەسئۇل خادىملىرى سۇلەيماننىىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. سۇلەيمان ئاتلىرىغا قاراپ: «مەن بۇ ياخشى ماللارنى زوق ئېلىش ياكى كۆڭۈل خۇش قىلىش ۋە ياكى پەخىرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان، ماڭا پەيغەمبەرلىك ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلغان ئىگەم - ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، يەنى بۇ ئاتلار بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن سۆيدۈم» دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاتلار كۆزىدىن غايىب بولغۇچە تەكرارلاپ تۇردى. ئۇ ئەسنادا سۇلەيمان ئۇ مەسئۇل خادىملىرىغا: «ئاتلارنى ئالدىمدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈڭلار» دېدى، ئاندىن ئامراقلىق قىلىپ، ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ ئاتلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. فَقَالَ إِنِّي أَحْبَبْتُ حُبَّ الْخَيْرِ عَنْ ذِكْرِ رَبِّي حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِالْحِجَابِ
    سۇلايمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغىچە (ئۇلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بولدۇم)» — مۇھەممەد سالىھ

    سۇلەيمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى رەببىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئاخىرىدا ئۇلار كۆزۈمدىن غايىب بولدى» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ: «مەن بۇ ياخشى ماللارنى رەببىمنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم» دېدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاتلار كۆزىدىن غايىب بولغۇچە تەكرارلاپ تۇردى. — ئەنەس ئالىم

  33. (38-سۈرە ساد، 33-ئايەت) داۋۇت ۋە سۇلايمان
    رُدُّوهَا عَلَيَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًا بِالسُّوقِ وَالْأَعْنَاقِ
    سۇلايمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». (ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن) سۇلايمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    سۇلەيمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». -ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن- سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ: «ئاتلارنى ئالدىمدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈڭلار» دېدى، ئاندىن ئاتلارنىڭ پاچاقلىرىنى ۋە بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى. — ئەنەس ئالىم

    .
  34. وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَانَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِ جَسَدًا ثُمَّ أَنَابَ
    بىز ھەقىقەتەن سۇلايماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ) تەۋبە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق؛ ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ تەۋبە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەت تاشلىدۇق. ئاندىن ئۇ بىزگە يۆنەلدى. — ئەنەس ئالىم

    (34-35) بىز سۇلەيماننى سىناپ، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەت تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ ئۆزىنى بىزنىڭ سىنىغانلىقىمىزنى بىلىپ بىزگە يۆنەلدى ۋە: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن؛ خاتالىقىمنى كەچۈرگىن ۋە مېنى يامانلىقلاردىن ساقلىغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان پادىشاھلىق ئاتا قىلغىن، سەن ناھايىتى كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» دەپ دۇئا قىلدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنى سىناش ئۈچۈن ئۇنىڭ تەختىگە تاشلاپ قويغان جەسەت توغرىسىدا ئايەتلەردە بىرەر مەلۇمات يوق. بۇ ھەقتە تەپسىرلەردە بەزى ئېھتىماللار زىكىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى تۆۋەندىكى ئىككى ئېھتىمالدۇر: 1) سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام ئېغىر بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۇ خۇددى تەختىنىڭ ئۈستىگە تاشلانغان جەسەتتەك بولۇپ بىرقانچە كۈن ئۆتكۈزگەن، ئاندىن ساقىيىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. 2) بىر مېيىپ بالىسى تۇغۇلۇپ، ئۇ بالا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ تەختىدە خۇددى بىر جەسەتتەك بولغان. سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئىلاھىي سىناقنىڭ ماھىيىتى قايسى ھادىسە بولسا بولسۇن، مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەتتۇر؛ بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان كىشىنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى: پەيغەمبەر بولسىمۇ، ھۆكۈمدار بولسىمۇ ياكى ھەر ئىككى سۈپەتكە بىرلا ۋاقىتتا ئىگە بولسىمۇ ھەرقانداق ئىنسان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇسىبەت بىلەن سىناق قىلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ھەرقانداق ئىنسان ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ۋە ھىمايىسىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ياشىشى، شۇنداقلا ھەر پۇرسەتتە ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ - يالۋۇرۇشى ۋە دۇئا قىلىشى كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
    سۇلايمان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    سۇلەيمان ئېيىتتى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان پادىشاھلىق ئاتا قىلغىن، سەن ناھايىتى كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن». — ئەنەس ئالىم

  36. فَسَخَّرْنَا لَهُ الرِّيحَ تَجْرِي بِأَمْرِهِ رُخَاءً حَيْثُ أَصَابَ
    بىز سۇلايمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلايماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان يەرگە سىلىق ماڭاتتى. — ئەنەس ئالىم

    (36-38) بىز سۇلەيماننىڭ ئۇ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان يەرگە سىلىق ماڭاتتى. شۇنىڭدەك، بىز سۇلەيمانغا بىناكار، غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئىشكەل سېلىنپ باغلانغان باشقا شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. (38-سۈرە ساد، 37-ئايەت) جىن داۋۇت ۋە سۇلايمان
    وَالشَّيَاطِينَ كُلَّ بَنَّاءٍ وَغَوَّاصٍ
    ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ھەمدە ئۇنىڭغا -كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان- قۇرغۇچى ۋە -دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە ـ مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان- غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا يەنە بىناكار، غەۋۋاس شەيتانلارنىڭ ھەممىسىنى — ئەنەس ئالىم

  38. (38-سۈرە ساد، 38-ئايەت) جىن داۋۇت ۋە سۇلايمان
    وَآخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ
    يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئىشكەل سېلىنغان باشقىلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. — ئەنەس ئالىم

  39. هَٰذَا عَطَاؤُنَا فَامْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
    (بىز سۇلايمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    -بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى-، «بۇ بىز بەرگەن نېمەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن مەيلى بەرگىن ياكى بەرمىگىن، ھېسابسىزدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    «بۇ بىزنىڭ ئىنئامىمىزدۇر، باشقىلارغا بەرگىن ياكى بەرمىگىن، ھېسابى ئېلىنمايدۇ». — ئەنەس ئالىم

    سۇلەيمانغا ئېيتتۇق: «ئى سۇلەيمان! بۇ ھوقۇق ۋە سەلتەنەت سېنىڭ تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىپ بىزنىڭ ساڭا بەرگەن ئىنئامىمىزدۇر، سەن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ياخشىلىق قىلساڭ، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلساڭ بولىدۇ؛ ئىختىيار سەندە. ئىشقىلىپ بۇ ھوقۇق ۋە سەلتەنەت بىلەن قانداق ئىش قىلساڭ ساڭا جاۋابكارلىق يوق، سەندىن بۇنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. وَإِنَّ لَهُ عِنْدَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَآبٍ
    ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىق ۋە ياخشى ئاقىۋەت باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا ھۇزۇرىمىزدا يېقىنلىق ۋە ياخشى ئاقىۋەت بار. — ئەنەس ئالىم

    بىز سۇلەيمانغا دۇنيادا ئەنە شۇ ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلدۇق، بىز ئۇنى قىيامەت كۈنىدىمۇ ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرىمىز ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە قىلىمىز. ئەسكەرتىش: داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام - ئاتا - بالا ئىككى پەيغەمبەرنىڭ قىسسەسى 21 - سۈرە (ئەنبىيا)نىڭ، 78 ~ 82 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە خۇلاسىلەندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ
    بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    بەندىمىز ئەييۇبنىمۇ ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىغا -ئىلتىجا قىلىپ-: «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەندىمىز ئەييۇبنى زىكىر قىلغىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «شەيتان ماڭا ھارغىنلىق ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئاندا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىمىزدىن بىرى بولغان بەندىمىز ئەييۇبنىمۇ زىكىر قىلغىن؛ قەۋمىڭگە ئەييۇبنىڭ قىسسەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى يەتكۈزگىن: ئەييۇب ئۆز ۋاقتىدا ئېغىر كېسەللىك ۋە باشقا مۇسىبەتلەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتكەندە بىزگە يالۋۇرۇپ: «ئى رەببىم! مەن شەيتاننىڭ سەۋەبى بىلەن قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدىم ۋە ئازابلاندىم، سەن مېنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىك ئىگەمسەن، مەرھەمىتىڭگە موھتاجمەن يا رەب!» دەپ نىدا قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. ارْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَٰذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ
    ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» دېدۇق، ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. (بىز ئۇنىڭغا) «بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇنىڭغا-: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن، مانا بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا «پۇتۇڭنى يەرگە ئۇرغىن، ئەنە سوغۇق سۇ! يۇيۇنىسەن ۋە ئىچىسەن» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ بۇ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا «پۇتۇڭ بىلەن يەرگە ئۇرغىن» دېدۇق، ئەييۇب پۇتى بىلەن يەرگە ئۇرغان ئىدى، يەردىن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئاندىن بىز ئەييۇبقا: «ئەنە شۇ چىقىۋاتقىنى سۇغۇق سۇدۇر، ئۇنىڭدا يۇيۇنغىن، ئۇنىڭدىن ئىچكىن» دېدۇق، ئەييۇب ئۇ سوغۇق سۇدىن ئىچىپ ۋە ئۇ سۇدا يۇيۇنۇپ كېسەللىكلىرىدىن ساقايدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. وَوَهَبْنَا لَهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
    بىز ئۇنىڭ (كېسەل ۋاقتىدا ئاپەتكە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى ـ ئەۋلادىنى (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق، (بۇ) بىزنىڭ نازىل قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن رەھمەت ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ئەھلى ـ ئەۋلادىنى يېڭىدىن- بەردۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ساپ ئەقىل ئىگىلىرىگە ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇنىڭغا قىيىن كۈنلىرىدە يېنىدىن يوق بولۇپ كەتكەن ئائىلە تەۋەسىنى قايتۇرۇپ بەردۇق ۋە ئۇلارنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ساپ ئەقىل ئىگىلىرىگە مەرھەمىتىمىزنى ئەسلىتىش ئۈچۈن قىلدۇق؛ ساپ ئەقىل ئىگىلىرى ئەييۇبنىڭ قىسسەسىگە قاراپ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا سەۋر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن زەخمەتتىن كېيىن رەھمەتكە، رىيازەتتىن كېيىن راھەتكە ۋە جاپادىن كېيىن ساپاغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًا فَاضْرِبْ بِهِ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَاهُ صَابِرًا ۚ نِعْمَ الْعَبْدُ ۖ إِنَّهُ أَوَّابٌ
    قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (ئاللاھقا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر (ئىزاھات: ئەييۇب ئايالىنى 100 دەررە ئۇرۇشقا قەسەم قىلغان ئىدى.) — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇنىڭغا- «قولۇڭ بىلەن بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرغىن[1]. قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» -دېدۇق-. بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھقا تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا يەنە: «قولۇڭغا بىر باغلام چۆپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرغىن، گۇناھكار بولمىغىن» دېدۇق. بىز ئۇنى سەۋرچان كۆردۇق. ئۇ بەك ياخشى بەندە ئىدى، چۈنكى داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، بىز ئەييۇبقا: «قولۇڭغا بىر باغلام چىۋىق ئېلىپ ئايالىڭنى ئۇنىڭ بىلەن بىرنى ئۇرغىن، قەسىمىڭنى بۇزمىغىن؛ بىر باغلام چىۋىق بىلەن ئايالىڭنى بىرنى ئۇرساڭ، سەن ساقايغان چېغىڭدا ئۇنى يۈزنى ئۇرۇشقا قىلغان قەسىمىڭدە تۇرغان بولسەن» دېدۇق. بىز ئۇنى يەتكەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغۇچى كۆردۇق. ئۇ نېمىدېگەن ياخشى بەندە ئىدى، چۈنكى ئۇ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يەتكەن شۇنچە مۇسىبەتلەرگە سەۋر - تاقەت قىلىپ تائەت - ئىبادەت بىلەن داۋاملىق بىزگە يۆنىلەتتى. تەپسىرلەردە زىكىر قىلىنىشىچە ئەييۇب ئەلەيھىسسالام كېسەللىك ۋە باشقا مۇسىبەتلەرگە مۇپتىلا بولۇپ قالغان جەرياندا، ئايالى ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلغان، لېكىن بىر قېتىمدا ئىچى پۇشۇپ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ساقايغان چېغىدا ئۇنى 100 دەررە ئۇرۇپ ئۇنى جازالاشقا قەسەم قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا ئۇ جازانى بۇ شەكىلدە ئىجرا قىلىش، شۇنداقلا قەسىمىدە تۇرۇش يولىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ مەقسىتى يامان ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى ئېغىر كۈنلىرىدە ۋاپادارلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بەك ياخشى كۆرەتتى، شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇ ئايالنىڭ كۆرسەتكەن سەۋر - تاقىتىگە ۋە بوشاشماستىن قىلغان تائەت - ئىبادەتلىرىگە بەرگەن مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا مەزكۇر قەسىمىدىن چىقىشى ئۈچۈن بۇ ئاسان يولنى كۆرسەتكەن. ئەسكەرتىش: ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى 21 - سۈرە (ئەنبىيا)نىڭ 83 - ۋە 84 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. (38-سۈرە ساد، 45-ئايەت) سەۋر زىكىر ئىبراھىم مۇسا
    وَاذْكُرْ عِبَادَنَا إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ أُولِي الْأَيْدِي وَالْأَبْصَارِ
    ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن — مۇھەممەد سالىھ

    كۈچلۈك ۋە بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىمۇ ئەسلىگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلار كۈچلۈك ۋە ئاڭلىق كىشىلەر ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئاندا، بىز ئىلگىرى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن، تائەت - ئىبادەتتە كۈچلۈك ھەقىقەتنى چۈشىنىشتە ئەقىللىك ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇب قاتارلىق بەندىلىرىمىزنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايەتلەرنى قەۋمىڭگە يەتكۈزگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. (38-سۈرە ساد، 46-ئايەت) ھىساب زىكىر ئىبراھىم
    إِنَّا أَخْلَصْنَاهُمْ بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى الدَّارِ
    ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشىلەر قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئويلاپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى، ئاخىرەتنى ئويلاپ تۇرۇش ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ياشاشنى نىشان قىلىش ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك تاللاپ ھەربىرىنى ئالاھىدە بەندىمىز قىلدۇق ۋە ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. وَإِنَّهُمْ عِنْدَنَا لَمِنَ الْمُصْطَفَيْنَ الْأَخْيَارِ
    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھۇزۇرىمىزدا تاللانغانلاردىن ۋە ياخشىلاردىندۇر. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇ بەندىلىرىمىزنى ئەلچىلىككە تاللاپ قەۋملىرىگە ئەۋەتتۇق، ئۇلارنى باشقىلاردىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ يۇقىرى پەزىلەت ۋە ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. وَاذْكُرْ إِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِنَ الْأَخْيَارِ
    ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنىمۇ ئەسلىگىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىسمائىل، ئەليەسەئـ ۋە زۇلكىفلىلەرنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئاندا ئىسمائىل، ئەليەسەئـ ۋە زۇلكىفللەرنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز پەيغەمبەرلىككە تاللىغان بەندىلىرىمىزنىڭ قاتارىدىن ئىدى؛ ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى قەۋمىڭگە يەتكۈزگىن. ئەسكەرتىش: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسىدۇر، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام چوڭ ئوغلى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام كىچىك ئوغلى ئىسھاقتىن بولغان نەۋرىسىدۇر. زۇلكىفل ئەلەيھىسسالام ھەققىدە 21 - سۈرە (ئەنبىيا)نىڭ 85 - ۋە 86 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. ئەليەسەئـ ئەلەيھىسسسالامغا كەلسەك، ئۇنىڭ قىسقىچە تارىخى تۆۋەندىكىچە: ئەليەسەئـ ئەلەيھىسسالام - ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كىچىك ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئەسلىدە بىر دېھقان ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئىلياس ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر قىلىپ بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتكەنلىكى، مىلادىيەدىن 840 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقى ۋە پەلەستىننىڭ قەدىمىي رايونلىرىدىن «سامىرە»گە دەپنە قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەليەسەئـ) قۇرئان كەرىمدە بىرى بۇ (48 -) ئايەتتە، يەنە بىرى 6 - سۈرە (ئەنئام)نىڭ 86 - ئايىتىدە بولۇپ، جەمئىي ئىككى قېتىم ئۆتىدۇ، بىر يەردە (6 - سۈرە ئەنئام، 86 - ئايەتتە) زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلىنغانلىقى ۋە بىر يەردە (بۇ 48 - ئايەتتە) ياخشىلاردىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەگىشىشكە ۋە ئۈلگە ئېلىشقا بۇيرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. هَٰذَا ذِكْرٌ ۚ وَإِنَّ لِلْمُتَّقِينَ لَحُسْنَ مَآبٍ
    بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ بىر ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ زىكىردۇر. شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار: — ئەنەس ئالىم

    (49-52) ئى مۇھەممەد! بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان قىسسەلەر ئەستە تۇتۇپ ئىبرەت ۋە نەسىھەت ئېلىشقا تېگىشلىك خەۋەرلەردۇر؛ ئۇ قىسسەلەر سىلەرگە، ياخشىلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى، يامانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالىنىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا ياخشىلارغا خۇش خەۋەر، يامانلارغا شۇم خەۋەر بېرىدۇ. ئۇ قىسسەلەردىن ئىبرەت ئېلىپ ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشىلەر بۇ دۇنيادا ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ؛ مەھكۇملۇقى ھاكىملىققا، يوقسۇللۇقى باياشاتلىققا ۋە قورقۇنچى خاتىرجەملىككە ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ كىشىلەر ئاخىرەتتىمۇ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ؛ ئۇلار قىيامەت كۈنى ئىشىكلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئىچىلىدىغان ئەدن باغچىلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار ئۇ باغچىلاردا جەننەتكە كىرگەن يېقىن - يورۇق ۋە دوست - يارەنلىرى بىلەن جەم بولۇپ مەخسۇس قويۇلغان تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ بەھۇزۇر ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ باغچىلاردا كۆپلىگەن مېۋە ۋە تۈرلۈك ئىچىملىكلەر بىلەن كۈتۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان شەھلا كۆزلۈك، تەڭتۇش، ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەن ۋە چاڭ - توزان قونمىغان ئاپئاق تۇخۇملارغا ئوخشايدىغان خىزمەتچى قىزلار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. جَنَّاتِ عَدْنٍ مُفَتَّحَةً لَهُمُ الْأَبْوَابُ
    (ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇ ياخشى ئاقىۋەت-، تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىشىكلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئىچىلىدىغان ئەدن جەننەتلىرى. — ئەنەس ئالىم

  51. مُتَّكِئِينَ فِيهَا يَدْعُونَ فِيهَا بِفَاكِهَةٍ كَثِيرَةٍ وَشَرَابٍ
    ئۇلار جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ ئەكەلدۈرۈپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە كۆپ مېۋە ۋە ئىچىلىدىغان نەرسە تەلەپ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  52. وَعِنْدَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ أَتْرَابٌ
    ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپتىلىرى بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش دىلبەرلەر بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان تەڭتۇش قىزلار بار. — ئەنەس ئالىم

  53. هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ الْحِسَابِ
    بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇ قىيامەت كۈنى ئۈچۈن سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بۇ نەرسىلەرگە ھېساب كۈنى ئېرىشىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    (53-54) ئى مۇئمىنلار! بىز ھازىر سىلەرگە ۋەدە قىلغان بۇ نېمەتلەرگە سىلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ بىزگە ھېساب بەرگەندىن كېيىن ئېرىشىسىلەر. بۇ نېمەتلەر تۈگىمەيدۇ ۋە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، ئەكسىچە مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، سىلەر ئۇ نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىسىلەر. ئەسكەرتىش: جەننەت نېمەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. إِنَّ هَٰذَا لَرِزْقُنَا مَا لَهُ مِنْ نَفَادٍ
    بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاتايىمىزدۇركى، ئۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ تۈگىمەيدىغان رىزقىمىزدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ بىز بېرىدىغان رىزىقتۇر. ئۇ ھېچ تۈگىمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  55. هَٰذَا ۚ وَإِنَّ لِلطَّاغِينَ لَشَرَّ مَآبٍ
    بۇ (ھەقىقەتتۇر)، كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ مۇشۇنداق. شۈبھىسىزكى كاپىرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جاي باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ مۇشۇنداقتۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارغا ئەلۋەتتە يامان ئاقىۋەت بار: — ئەنەس ئالىم

    (55-58) ئەنە شۇ نېمەتلەر بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىپ ياشىغانلارنىڭ ئۇ دۇنيادىكى مۇكاپاتىدۇر. بۇ دۇنيادا ھەددىدىن ئېشىپ كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە شۇ پېتى ئۆلگەنلەر چوقۇم يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ؛ ئۇلار قىيامەت كۈنى ئەڭ يامان جاي بولغان دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ، دوزاخنىڭ ئازابلىرى ناھايىتى ھارارەتلىك قايناق سۇ، زەرداب سۇ، يىرىڭ ۋە ئۇ خىلدىكى تۈرلۈك ئازابلار بولۇپ ئۇلار بۇ ئازابلارنى تېتىشقا بۇيرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا فَبِئْسَ الْمِهَادُ
    ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    جەھەننەم. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك! — ئەنەس ئالىم

  57. هَٰذَا فَلْيَذُوقُوهُ حَمِيمٌ وَغَسَّاقٌ
    بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان ـ يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ مۇشۇنداق، قېنى ئۇلار تېتىپ باقسۇن قىزىق سۇ بىلەن قان ـ يىرىڭلارنى! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بۇنى تېتىسۇن. ئۇ قايناقسۇ، يىرىڭ — ئەنەس ئالىم

  58. وَآخَرُ مِنْ شَكْلِهِ أَزْوَاجٌ
    يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلار بار — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئۇ خىلدىكى تۈرلۈك ئازابلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

  59. هَٰذَا فَوْجٌ مُقْتَحِمٌ مَعَكُمْ ۖ لَا مَرْحَبًا بِهِمْ ۚ إِنَّهُمْ صَالُو النَّارِ
    (ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن دوزاخقا كىرگەن چاغدا، ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە ئېيتىلىدۇ) «بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر». (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئېيتىدۇ) «ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    «مانا بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە جەھەننەمگە كىرگۈچىدۇر، ئۇلارغا سالام يوق، ئۇلار چوقۇم ئازابنى تېتىغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرىگە: «بۇ سىلەر بىلەن بىللە ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچى گۇرۇھتۇر» دېيىلىدۇ. يېتەكچىلەر: «ئۇلار راھەت يۈزى كۆرمىگەي! چۈنكى ئۇلار دوزاخقا كىرگۈچىلەردۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىپ ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى كۇفرىلىقنىڭ يېتەكچىلىرى، ئاسىيلىقنىڭ پېشۋالىرى ۋە يامانلىقنىڭ باشلامچىلىرى، يەنە بىرى گۇمراھلىقتا ئۇلارغا ئالدانغانلار، ئەگەشكەنلەر ۋە تەقلىدچىلەر. بۇ ئىككى پىرقە مەھشەردە دوزاخقا تاشلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ھەيدىلىپ دوزاخنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇ ئەسنادا پەرىشتىلەر كاتتىباشلارغا تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئەنە شۇلار دۇنيادا سىلەرگە ئەگىشىپ ھەقىقەتكە قارشى چىققان ۋە ھازىر سىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىدىغان گۇرۇھتۇر» دەيدۇ، ئۇ كاتتىىۋاشلار پەرىشتىلەرگە: «ئۇلار راھەت يۈزى كۆرمىگەي! چۈنكى ئۇلار دوزاخقا كىرىپ ئوتتا كۆيگۈچى ۋە باشقا ئازابلارنى چەككۈچى كىشىلەردۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. قَالُوا بَلْ أَنْتُمْ لَا مَرْحَبًا بِكُمْ ۖ أَنْتُمْ قَدَّمْتُمُوهُ لَنَا ۖ فَبِئْسَ الْقَرَارُ
    ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ: «بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار (يەنى بىزنى ئازدۇرۇپ دوزاخقا كىرىشىمىزگە سەۋەبچى بولدۇڭلار)، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ-: «بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ياق! سىلەر راھەت يۈزى كۆرمىگەيسىلەر! بۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەر ئېلىپ كەلدىڭلار. بۇ نېمىدېگەن يامان قارارگاھ!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادا ئۇلارغا ئەگىشىپ گۇمراھلىقتا ياشىغانلار ئۆز چوڭلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا: «ياق! سىلەر راھەت يۈزى كۆرمىگەيسىلەر! دوزاخ ئازابىنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەر ئېلىپ كەلدىڭلار؛ دۇنيادىكى چېغىمىزدا بىزنى ئالداپ توغرا يولدىن توستۇڭلار ۋە ئۆزۈڭلارغا ئەگەشتۈرۈپ گۇمراھلىقتا قويدۇڭلار، بۈگۈن دوزاخقا لايىق بولۇشىمىزغا سەۋەبچى بولدۇڭلار، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جايدۇر!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. قَالُوا رَبَّنَا مَنْ قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًا ضِعْفًا فِي النَّارِ
    ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يەنە دەيدۇكى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يەنە: «رەببىمىز! بۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ دوزاختىكى ئازابىنى بىر ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادا باشقىلارغا ئەگىشىپ گۇمراھلىقتا ياشىغان ۋە ئاخىرەتتە دوزاخقا لايىق بولغان بۇ تائىپە چوڭلىرىنى ئەنە شۇنداق قارغاپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ: «ئى بىزنى دۇنيادا يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ھازىر دوزىخىغا مەھكۇم قىلغان ئىگىمىز - ئاللاھ! بىزنىڭ ھازىر دوزاخ ئازابىغا لايىق بولۇشىمىزغا سەۋەبچى بولغان بۇ ئادەملەرنى دوزاختا قاتمۇقات ئازابلىغىن، يا رەب!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. (38-سۈرە ساد، 62-ئايەت) ھىساب دوزاخ ئەھلى
    وَقَالُوا مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالًا كُنَّا نَعُدُّهُمْ مِنَ الْأَشْرَارِ
    ئۇلار (يەنى كاپىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى كۆرمەيمىزغۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېتەكچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە نېمە بولدىكىن، بىز دۇنيادا يامانلاردىن ھېسابلىغان ئادەملەرنى كۆرمەيۋاتىمىز؟ — ئەنەس ئالىم

    (62-63) دوزاخ ئەھلى ئۆزئارا ئەنە شۇنداق مۇنازىرىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى دۇنيادا كۆزگە ئىلمايدىغان ئاجىز مۇئمىنلار ھەققىدە مۇنداق دېيىشىدۇ: «بىز دۇنيادا قەدىرسىز، كېرەكسىز ۋە يامان دەپ ھېسابلىغان ئادەملەرنى كۆرمەيۋاتىمىزغۇ؟ ئۇلار دوزاخقا كىرمىگەن بولسا، بىز ئۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا خاتا مەسخىرە قىلىپ قالدۇقمۇ؟ ياكى ئۇلار دوزاختا بولسىمۇ بىز كۆرمەيۋاتىمىزمۇ؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. أَتَّخَذْنَاهُمْ سِخْرِيًّا أَمْ زَاغَتْ عَنْهُمُ الْأَبْصَارُ
    ئۇلارنى بىز (دۇنيادىكى چاغدا) مەسخىرە قىلاتتۇقمۇ؟ ياكى ئۇلاردىن كۆزلەر ئېغىپ كەتتىمۇ؟ (يەنى ياكى ئۇلار دوزاختا بىز بىلەن بىللە تۇرسىمۇ كۆرمەيۋاتامدۇق؟)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى بىز مەسخىرە قىلاتتۇقمۇ؟ ياكى ئۇلاردىن كۆزلەر ئېغىپ كەتتىمۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلدۇقمۇ؟ ياكى كۆزلىرىمىز ئۇلاردىن ئېغىپ كەتتىمۇ؟». — ئەنەس ئالىم

  64. إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقٌّ تَخَاصُمُ أَهْلِ النَّارِ
    ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ھەقتۇر، دوزاخ ئەھلىنىڭ جاڭجاللىشىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ ئىشلار چوقۇم بولىدۇ، يەنى قىيامەت كۈنى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەنە شۇنداق جاڭجاللىشىشى ھەقىقەت بولۇپ، كافىرلار ۋە ئاسىيلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلگەندىن باشلاپ دوزاخقا تاشلانغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە ئازاب چېكىۋاتقاندا بىر - بىرى بىلەن دەتالاش قىلىشىدۇ، تىللىشىدۇ، ئۆزئارا تاپا قىلىشىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. قُلْ إِنَّمَا أَنَا مُنْذِرٌ ۖ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
    (ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «مەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر، — ئەنەس ئالىم

    (65-66) ئى مۇھەممەد! سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغان تەرسالارغا ئېيتقىنكى: «مەن ساھىرمۇ ئەمەس، كاززاپمۇ ئەمەسمەن، ئەكسىچە مەن ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارغا، بولۇپمۇ سىلەرگە ئاگالاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن، ۋەزىپەم سىلەرگە ئوخشاش كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەۋاتقان ۋە دەۋىتىمنى قوبۇل قىلمايۋاتقان تەرسالارنى ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر؛ تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە ئازابقا يولۇقىدىغانلىقىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈشتۇر. چەكسىز قۇدرەتلىك بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر، ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. يەككە - يېگانە ئىلاھ بولغان ئۇ ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئىگىسىدۇر (ئۇلارنىڭ يوقتىن ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى، مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغۇچىسى ۋە ۋاقتى كەلگەندە يوق قىلغۇچىسىدۇر). ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەتكە ۋە كۆپ مەغپىرەتكە ئىگىدۇر؛ ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالايدىغان، تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرۈپ پاناھىغا ئالىدىغان زاتتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
    (ئۇ ئاللاھ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىبتۇر. (ئۆزى خالىغان بەندىلەرنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر، غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، ئەزىزدۇر، كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

  67. قُلْ هُوَ نَبَأٌ عَظِيمٌ
    (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ (يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم) چوڭ خەۋەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «بۇ چوڭ بىر خەۋەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «بۇ چوڭ خەۋەردۇر. — ئەنەس ئالىم

    (67-70) ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھتىن تاپشۇرۇۋېلىپ سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان ھەقىقەتلەر (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىم، قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكى ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشىڭلار) ناھايىتى چوڭ خەۋەردۇر. سىلەر بۇ چوڭ خەۋەردىن يۈز ئۆرۈۋاتىسىلەر، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايۋاتىسىلەر، ئۇنىڭ توغرىسىدا تەپەككۇر قىلمايۋاتىسىلەر. مەن ئاسماندىكى پەرىشتىلەر تالاش - تارتىش قىلىشقاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىلمەيتتىم؛ ئاللاھ ئادەم يارىتىش توغرىسىدىكى ئىرادىسىنى پەرىشتىلەرگە بىلدۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئېتىراز قىلغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋابنى بەرگەنلىكى، پەرىشتىلەرنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى، ئىبلىسنىڭ سەجدە قىلمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن تارتىشقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئادەمنى، ئىبلىسنى ۋە ئادەمنىڭ جۈپتىنى ھۇزۇرىدىن چۈشۈپ كېتىشكە بۇيرۇغانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى پەقەت ۋەھىي بىلەنلا بىلدىم ۋە سىلەرگە ئەينەن يەتكۈزدۈم. مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئاللاھ ماڭا مەزكۇر ئەھۋاللارنى ۋەھىي قىلدى ۋە مەندىن ئۇلارنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (38-سۈرە ساد، 68-ئايەت) كاپىرلىق غەپلەت
    أَنْتُمْ عَنْهُ مُعْرِضُونَ
    سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

  69. مَا كَانَ لِيَ مِنْ عِلْمٍ بِالْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
    پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم — مۇھەممەد سالىھ

    پەرىشتىلەر مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن ئەڭ ئالىي جامائەت تالاش - تارتىش قىلىشىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ - ئۆتكەنلەرنى بىلمەيتتىم. — ئەنەس ئالىم

  70. إِنْ يُوحَىٰ إِلَيَّ إِلَّا أَنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
    پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم — مۇھەممەد سالىھ

    ماڭا پەقەت ۋەھيى قىلىنىدۇكى، مەن روشەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ماڭا پەقەت مېنىڭ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچى بولغانلىقىم ۋەھىي قىلىنماقتا». — ئەنەس ئالىم

  71. إِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِنْ طِينٍ
    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن. — ئەنەس ئالىم

    (71-74) ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن، مەن ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈپ ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار (تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈڭلار)» دېگەن ئىدى. ئاندىن لايدىن ئادەمنىڭ شەكلىنى يارىتىپ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىگەن ۋە ئادەم جانلانغان ھامان پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمگە بىردەك سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى - كافىرلاردىن بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِنْ رُوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ
    ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن ئۇنىڭ شەكلىنى تاماملاپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار». — ئەنەس ئالىم

  73. فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
    پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى. — ئەنەس ئالىم

  74. إِلَّا إِبْلِيسَ اسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
    پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى. — ئەنەس ئالىم

  75. قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَنْ تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَيَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْعَالِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؛ ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ؟ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان نەرسىگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىنمىدىڭ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    (75-76) ئاللاھ ئىبلىسنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا: «ئى ئىبلىس! سېنى، مەن ئۆز قوللىرىم بىلەن ياراتقان ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن نېمە توستى؟! سەن نېمە ئۈچۈن ئادەمگە سەجدە قىلمىدىڭ؟! ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ سەجدە قىلمىدىڭمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سەجدە قىلمىدىڭمۇ؟!» دېدى. ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ: «مەن ئادەمدىن ياخشىدۇرمەن؛ چۈنكى سەن مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئادمنى لايدىن ياراتتىڭ، مەن مەرتىۋىدە ئۈستۈن تۇرسام ئۆزۈمدىن تۆۋەن ئادەمگە قانداقمۇ سەجدە قىلىمەن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ ۖ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
    ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن؛ مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  77. قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ
    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! بۇندىن ئېتىبارەن قوغلاندىڭ! — ئەنەس ئالىم

    (77-78) ئىبلىسنىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئادەمدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: «ئۇ يەردىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن رەھمەت ۋە ئىلتىپاتىمدىن قوغلاندىڭ! ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنىتىم ياغىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِي إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ
    ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنىتىم ياغىدۇ». — ئەنەس ئالىم

  79. قَالَ رَبِّ فَأَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (خالايىق) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) گۈچە مۆھلەت بەرسەڭ (يەنى مېنى ھايات قالدۇرساڭ)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبلىس: «رەببىم! ماڭا خالايىق تىرىلدۈرۈلىدىغان -قىيامەت- كۈنىگىچە مۆھلەت بەرسەڭ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    (79-81) ئىبلىس: «رەببىم! مېنى ھالاك قىلمىغىن، ماڭا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى، ئاللاھ: «بولىدۇ، مەن بەلگىلىگەن ۋە مەنلا بىلىدىغان ۋاقىتقا (بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغانغا) قەدەر ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
    ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىن، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق دېدى: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن، — ئەنەس ئالىم

    .
  81. إِلَىٰ يَوْمِ الْوَقْتِ الْمَعْلُومِ
    ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مەلۇم ۋاقىتقىچە!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئەييەن ۋاقىتنىڭ كۈنىگە قەدەر». — ئەنەس ئالىم

  82. قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
    ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبلىس مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن. — ئەنەس ئالىم

    (82-83) ئىبلىس ئاللاھنىڭ مۆھلەت بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ: «رەببىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ بۇ ئادەمنىڭ بارلىق ئەۋلادىنى ئازدۇرىمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن توغرا تاللىشى بىلەن سېنىڭ ھىدايىتىڭگە مۇيەسسەر بولغان، ھەقنى قوبۇل قىلىشى بىلەن سېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىڭغا نائىل بولغان بەندىلىرىڭنى ئازدۇرالمايمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    !
  83. إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ
    ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلاردىن ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭنى ئازدۇرالمايمەن». — ئەنەس ئالىم

  84. قَالَ فَالْحَقُّ وَالْحَقَّ أَقُولُ
    ئاللاھ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا ھەقىقەت - مەن داۋاملىق ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن - شۇكى: — ئەنەس ئالىم

    (84-85) ئاللاھ ئىبلىسكە مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا، ھەقىقەت شۇدۇر - مەن داۋاملىق ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن -: مەن قىيامەت كۈنى سېنى ۋە بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى دوزاخقا تاشلايمەن ۋە دوزاخنى سەنلەر بىلەن تولدۇرىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكَ وَمِمَّنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ أَجْمَعِينَ
    سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن جەھەننەمنى سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن تولدۇرىمەن». — ئەنەس ئالىم

  86. قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُتَكَلِّفِينَ
    ئېيتقىنكى، «(ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن ۋە مەن ئۆز يېنىدىن بىر نەرسىنى تەكلىپ قىلغۇچىلاردىن ئەمەسمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. يوق نەرسىنى دەۋا قىلغۇچىلاردىن ئەمەسمەن[5]. — ئەنەس ئالىم

    (86-88) ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى يەتكۈزگەنلىكىم ۋە سىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قىلغىنىممۇ يوق. مەن ئۆزۈمدە يوق نەرسىنى دەۋا قىلغۇچىلاردىن ئەمەسمەن؛ مەن سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان قۇرئاننى ئۆزۈم ئويدۇرمىدىم، ئەكسىچە ئاللاھ ماڭا نېمە ۋەھىي قىلغان بولسا، مەن ئۇنى سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ ئەينەن يەتكۈزۈۋاتىمەن. بۇ قۇرئان قىيامەتكە قەدەر بارلىق جاھان ئەھلى ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىم، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك نەسىھەت ۋە ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك ئەمر - پەرمانلاردىنلا ئىبارەتتۇر. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋەرلەرنىڭ توغرىلىقىنى بىر مۇددەتتىن كېيىن چوقۇم بىلىسىلەر؛ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىسەڭلار قۇرئاندا بىلدۈرۈلگەن بويىچە يېقىندا ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولىسىلەر، ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىڭلارنى تونۇپ يېتىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
    قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

  88. وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُ بَعْدَ حِينٍ
    بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى بىر مۇددەتتىن كېيىن ئەلۋەتتە بىلىسىلەر». — ئەنەس ئالىم