مۇتەففىفىن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 36 ئايەت
مەنىسى: تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر. ئاتىلىش سەۋەبى: تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر ئاگاھلاندۇرۇلۇپ باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ
    (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە «ھالىغا ۋاي» دەپ مەنە بېرىلگەن ئىپادە «ۋەيلۇن - ويلٌ»دۇر. بۇ، ئەھۋالنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىپادە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىككى سۈرە بۇ ئىپادە بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى بۇ سۈرە (مۇتەففىفىن)، يەنە بىرى 104 - سۈرە (ھۇمەزە)دۇر. بۇ سۈرىدە ئۆلچەم ۋە كەمچەندە ئىنسانلارنىڭ ھەققىنى كەم بەرگۈچى مەككارلارنىڭ، ھۇمەزە سۈرىسىدە ئىنسانلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆككۈچى غەيۋەتخورلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئىجتىمائىي ھالدا ھايات كەچۈرىدىغان توپلۇقتۇر. ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتۈشى ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى ۋە ھەر كىشىنىڭ نام - ئابرۇي ھوقۇقىغا رىئايە قىلىنىشى شەرتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ناھەق يوللار بىلەن بىر - بىرىنىڭ مېلىنى يەۋېلىشتىن توسقان، شۇنداقلا بۇ ناھەق يوللارنى بايان قىلغان. ئۇ يوللار پارىخورلۇق، جازانىخورلۇق، ئوغرىلىق، قىمارۋازلىق ۋە دىنىي تۇيغۇلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش قاتارلىق يوللاردۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش، غەيۋىتىنى قىلىش، ئەيىبلەش، لەقىمىنى چىشلەپ تارتىش، يامان گۇمان قىلىش، ئەيىبىنى ئىزدەش، سۇخەنچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىللەتلەردىن توسقان. ئىنسانلارنىڭ نەرسىلىرىنى تارتىش، كەمچەنلەش ۋە ئۆلچەش ئەسناسىدا ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى كەم بېرىش بىر تەرەپتىن باشقىسىنىڭ ھەققىنى ناھەق يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈۋالغانلىق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئالدىغانلىقتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۆلچەم ۋە تارازىنى توغرا تۇتۇشقا بۇيرۇپلا قالماستىن، بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مەرھەمىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى، ئۇ جەمئىيەت ئەزالىرىدا ئىنساپ، ئادالەت ۋە مېھىر - شەپقەت تۇيغۇلىرىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىدىن، ھەتتا تۈگەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەھۋال بۇ نۇقتىغا يەتكەندە ئۇ جەمئىيەتتە ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلىش ۋە ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىش يوقىلىپ، ئورنىنى شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىق ۋە ئۆزبېشىمچىلىق ئالىدۇ - دە، جەمئىيەت مەنىۋى جەھەتتىن چۆكىدۇ: ئىبادەتلەر ئادەتكە ئايلىنىدۇ، مۇناسىۋەتلەر مەنپەئەتكە باغلىق بولىدۇ، ھالال - ھاراملارنى پايدا - زىيان بەلگىلەيدۇ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جەمئىيەت ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە جازاسىغا لايىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى ئەنە شۇ يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان يوللاردىن توسقان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 2-ئايەت) ئادىل سودا خىيانەت ۋە ساختىپەزلىك
    الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُوا عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ
    ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلاردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغلىرىدا تولۇق ئالىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (2-3) بۇ ئىككى ئايەت ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىك ۋە بېخىللىقتىن ئىبارەت ئىككى ئىللەتكە مۇپتىلا بولغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھەرگىزمۇ نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش، ئىلكىدىكى نەرسىنى باشقىلاردىن ئايىماسلىق ۋە باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆز ئېھتىياجىدىن ئۈستۈن تۇتۇشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 3-ئايەت) ئادىل سودا خىيانەت ۋە ساختىپەزلىك
    وَإِذَا كَالُوهُمْ أَوْ وَزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ
    كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغلىرىدا كەم بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  4. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 4-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    أَلَا يَظُنُّ أُولَٰئِكَ أَنَّهُمْ مَبْعُوثُونَ
    ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئويلىمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئەگەر ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلىشىنى ئويلىسا ئىدى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ زەررىچىلىك قىلمىشىنىمۇ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ بۈيۈك كۈندە بۇ كىچىك نەرسىنىمۇ كەلتۈرۈپ تارازىدا تارتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغانلىقىنى ئەسلىرىگە ئالاتتى - دە، بۇ قەبىھ ئىشقا جاسارەت قىلمىغان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 5-ئايەت) ھىساب قىيامەت ۋاقتى
    لِيَوْمٍ عَظِيمٍ
    ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۈيۈك بىر كۈندە — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۈيۈك كۈن ئۈچۈن. — ئەنەس ئالىم

    (5-6) قىيامەت كۈنى - ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ قىيامەتكىچە دۇنياغا كەلگەن پۈتكۈل ئىنسانلار، ئۆز ئاتىسى يارىتىلغاندىن تارتىپ قىيامەتكىچە ئاپىرىدە بولغان بارلىق جىنلار ۋە باشقا ھەممە جانلىقلار توپلىنىپ ھېساب بېرىدىغان «بۈيۈك كۈن»دۇر. ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇ بۈيۈك كۈندە ئاللاھقا ھېساب بېرىشلىرى ئۈچۈندۇر. چۈنكى قىيامەت كۈنى ھەر ئىنسان رەببى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا يالغۇز تۇرۇپ ھېساب بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنى كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىلدۈرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 6-ئايەت) ھىساب
    يَوْمَ يَقُومُ النَّاسُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆرە تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  7. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 7-ئايەت) قەبرە ھاياتى دوزاخ ئەھلى
    كَلَّا إِنَّ كِتَابَ الْفُجَّارِ لَفِي سِجِّينٍ
    ئۇلار (تارازىدا، ئۆلچەمدە) كەم بېرىشتىن يانسۇن، يامان ئادەملەرنىڭ نامە ـ ئەمالى چوقۇم سىججىندا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياق! ئىش ئۇلار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس! يامان ئادەملەرنىڭ نامە ـ ئەمالى چوقۇم سىججىيندا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق قىلمىسۇن، يامانلارنىڭ كىتابى سىججىندىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (7-9) ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر بۇ قىلمىشلىرىدىن يانسۇن، ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشىنى ۋە ھېساب بېرىشىنى ئويلىسۇن. «يامانلار»نىڭ كىملىكى ۋە جازاسى توغرۇلۇق 82 - سۈرە (ئىنفىتار)نىڭ 14 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. «سىججىن»گە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ھەر ئىنساننىڭ ئەمىلىنى يېزىپ تۇرۇشقا ئىككى پەرىشتە مۇئەككەل قىلغان. ھەر ئىنساننىڭ ئەمىلىنى ئىككى پەرىشتە يازغانلىقى ئۈچۈن ھەر ئىنساننىڭ ئايرىم بىر كىتابى بولىدۇ. يامانلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان ۋە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم - ئايرىم بېرىلىدىغان كىتابلار «سىججىن» دېگەن «نامۇئەمەللەر توپلىمى»دا جەملىنىدۇ. بۇ «توپلام»دا ھەر ئادەمنىڭ كىتابى بەلگە قويۇلۇپ ساقلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 8-ئايەت) ئەمەل دەپتىرى قەبرە ھاياتى
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا سِجِّينٌ
    سىججىن دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىججىيننىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىججىن نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم

  9. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 9-ئايەت) ھىساب ئەمەل دەپتىرى
    كِتَابٌ مَرْقُومٌ
    ئۇ (يامان ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن بىر دەپتەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ –جەھەننەملىكلەرنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان- بىر خاتىرە دەپتەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەلگە قويۇلغۇچى كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم

  10. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 10-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ كۈندە يالغانغا چىقارغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈندە، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

    (10-11) «راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!». بۇ ئىپادە قۇرئان كەرىمدە بۇ ئايەتتىكى بىلەن قوشۇپ 12 قېتىم كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمىگەن، بولۇپمۇ ئاخىرەتتىكى ھېساب - كىتابنى ئىنكار قىلغان ۋە دوزاخ ئازابىنى سەل چاغلىغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئايەتلەر كۆرسىتىدۇ. جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى يالغان دېيىش (سۆز - ھەرىكىتى بىلەن ئىنكار قىلىش) دوزاخقا مەھكۇم بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر، جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە ئىشىنىش ئەھلى جەننەتنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 11-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    الَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ الدِّينِ
    ئۇلار قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قىيامەت كۈنىنى يالغانغا چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى يالغان دەيدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

  12. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 12-ئايەت) ئادالەتسىزلىك كاپىرلىق
    وَمَا يُكَذِّبُ بِهِ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
    ئۇنى پەقەت (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى پەقەت ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا يالغانغا چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچىدىن باشقا ھېچكىم يالغان دېمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (12-13) ھەددىدىن ئېشىش ۋە گۇناھقا چۆمۈش قىيامەتنى ئىنكار قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، قىيامەتنى ئىنكار قىلىش ھەددىدىن ئېشىشقا ۋە گۇناھقا چۆمۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئىككىسى مۇشۇنداق زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئەھۋالدۇر. ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بېرىش ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر، گۇناھقا چۆمگەنلىكتۇر، شۇنداقلا ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇنىڭدەك، ئۆلچەم ۋە تارازىنى كەم تۇتقانلىق ھەددىدىن ئېشىش، گۇناھقا چۆمۈش ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە نالايىق سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئۆلچەم ۋە تارازىنى كەم تۇتۇش ئارقىلىق مەلۇم قىلغان. ئۇلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى يالغان دېيىشىمۇ بۇ شەكىلدە بولغان. بۇنى 4 - ئايەت ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا قَالَ أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: «(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: «بۇ قەدىمكىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  14. كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى قەلبلىرىنى داتلاشتۇرۇۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم

    قۇرئان ئۇلار ئېيتقاندەك «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» ئەمەس! ئەكسىچە ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى قەلبلىرىنى قارايتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ھەقنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇ يامان سۆزنى قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 15-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    كَلَّا إِنَّهُمْ عَنْ رَبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَمَحْجُوبُونَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە رەببىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىنغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس[1]، ئۇلار ئۇ كۈنى رەببىنى كۆرۈشتىن توسۇلۇپ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    (15-17) ئىش ئۇلار ئېيتقاندەك بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ: «بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ دۇنيادىكى نېمەتلەردىن ياخشىراق نېمەتلەرگە ئېرىشىمىز، بىزگە ئازاب قىلىنمايدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرى يالغان بولۇپ، ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ھېچقانداق نېمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى بۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلغان، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھقا چۆمگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئادەملەرگە دوزاخقا كىرىپ كۆيۈشنى ۋەدە قىلىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى ھېساب - كىتابتىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. «مانا بۇ، سىلەر يالغان دېگەن نەرسىدۇر». ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىيامەت كۈنىنى ۋە قىيامەت كۈنىدىكى ئازابنى ئىنكار قىلغانلىقى، مانا مۇشۇنداق يۈزىگە سېلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 16-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُو الْجَحِيمِ
    ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخقا داخىل بولغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلار چوقۇم دوزاخقا كىرگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلار دوزاخقا كىرىپ كۆيگۈچىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم

  17. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 17-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    ثُمَّ يُقَالُ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
    ئاندىن (ئۇلارغا): «مانا بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان نەرسە (يەنى ئازاب) دۇر» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارغا : «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن: «مانا بۇ، سىلەر يالغان دېگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  18. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 18-ئايەت) قەبرە ھاياتى جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    كَلَّا إِنَّ كِتَابَ الْأَبْرَارِ لَفِي عِلِّيِّينَ
    راستتىنلا ياخشى بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى شەك ـ شۈبھىسىز ئىللىيوندا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياق! راستتىنلا ياخشى بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى شەك ـ شۈبھىسىز ئىللىيوندا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداق ئەمەس[2]، ياخشىلارنىڭ كىتابى ئىللىيۇندىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (18-20) ئۇلار ئاخىرەتتىكى ھېساب ۋە جازاغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بېرەتتى، قۇرئان كەرىمنى «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيتتى. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ بۇ سۆز - ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئايەتنىڭ بېشىدا ئۇلارغا مۇشۇنداق رەددىيە بېرىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى ئەمەلىيەت ئۇلار ئويلىغاندەك ۋە ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەس، ئەكسىچە قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ، ئۇ چاغدا ھېساب نەتىجىسىدە ئىنسانلار ياخشى - يامان بولۇپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلىدۇ، شۇنداقلا يامانلار دوزاخقا، ياخشىلار جەننەتكە كىرىدۇ. جۈملىدىن ئۇلارمۇ بۇ قەبىھ قىلمىشىنى ۋە يالغان سۆزىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ، جازاسىنى تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 19-ئايەت) ئەمەل دەپتىرى قەبرە ھاياتى
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا عِلِّيُّونَ
    ئىللىيوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىللىيوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىللىيۇن نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم

  20. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 20-ئايەت) ھىساب ئەمەل دەپتىرى
    كِتَابٌ مَرْقُومٌ
    (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، - جەننەتلىكلەرنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان -بىر خاتىرە دەپتەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەلگە قويۇلغۇچى كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم

  21. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 21-ئايەت) ئەمەل دەپتىرى پەرىشتىلەر
    يَشْهَدُهُ الْمُقَرَّبُونَ
    ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا، يېقىنلاشتۇرۇلغانلار گۇۋاھ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (21-23) يامانلارنىڭ كىتابلىرى «سىججىن» ئاتلىق «نامۇئەمەللەر توپلىمى»دا بولغاندەك، ياخشىلارنىڭ كىتابلىرىمۇ «ئىللىييۇن» ئاتلىق بىر كىتابتا بولىدۇ. بۇ كىتاب ياخشىلارنىڭ نامۇئەمەللىرى يېزىلغان ۋە قىيامەت كۈنى ئىگىلىرىگە بېرىلىدىغان كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «ئانا كىتاب»تۇر. ھەر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ نامۇئەمىلى يېزىلغان كىتاب، «ئىللىييۇن»غا تىزىملانغان چاغدا، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان پەرىشتىلەرنى گۇۋاھچى قىلىدۇ، يەنى ياخشى كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرى «ئىللىيۇن» دېگەن توپلامغا تىزىملانغان چاغدا، ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكى ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بۇ تىزىملاشقا گۇۋاھ بولىدۇ. بۇ «ياخشىلار»نىڭ كىملىكى ۋە ئېرىشىدىغان نېمەتلىرى 82 - سۈرە (ئىنفىتار)نىڭ 13 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. ئۇلارنىڭ تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشى، ئۇلارنىڭ راھەت - پاراغەت ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەت ئىچىدە كەيپ سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 22-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى تەقۋادارلىق
    يَشْهَدُهُ الْمُقَرَّبُونَ
    ياخشىلار نېمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ياخشىلار چوقۇم نېمەت ئىچىدە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ياخشىلار نەئىمدە بولىدۇ[3]. — ئەنەس ئالىم

  23. إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
    ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (ئاللاھنىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېمەتلىرىگە) قارايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قارايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار تەختلەرنىڭ ئۈستىدە قارايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  24. إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
    ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە، نېمەتنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە نېمەتنىڭ گۈزەللىكىنى تونۇيسەن. — ئەنەس ئالىم

    ھېسابنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقى، مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىق خۇش خەۋىرى ۋە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپاتنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە يورۇقلۇق، ئېچىلىش ۋە تەبەسسۇم بولۇپ ئەكس ئېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ
    ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن! — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئېغىزى پېچەتلەنگەن ساپ ئىچىملىك بىلەن سۇغىرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (25-26) «ئېسىل ئىچىملىك» مەست قىلمايدىغان، باشنى ئاغرىتمايدىغان، ئاپئاق ۋە لەززەتلىك ئىچىملىك بولۇپ، ئۇنى مەخسۇس خىزمەتچىلەر ئەھلى جەننەتكە، ئېغىزلىرى ئىپار بىلەن پېچەتلەنگەن قاچىلاردا سۇنىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى كەم تۇتۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى قوغلىشىپ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە يۈگۈرۈۋاتقانلار زىكىر قىلىنىدۇ، ئاندىن ياخشىلارنىڭ ئاخىرەتتە ئېرىشىدىغان نېمەتلىرى بايان قىلىنىدۇ ۋە بۇ ھەقتىكى ئاخىرقى ئايەت «بەسلەشكۈچىلەر ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن بەسلەشسۇن» دېگەن مەنىدىكى جۈملە بىلەن تۈگەيدۇ. بۇ تەرتىپ دالالەت قىلىدۇكى، قوغلىشىدىغانلار بۇنى قوغلاشسۇن، رىقابەتلىشىدىغانلار بۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلەشسۇن، بەسلىشىدىغانلار بۇنىڭ ئۈچۈن بەسلەشسۇن. چۈنكى بۇ، ئەبەدىي ھاياتتىكى مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتتۇر. 37 - سۈرە (ساففات)نىڭ 60 - ئايىتىدە ئاللاھ تائالا ئەھلى جەننەتنىڭ بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىنمۇ 61 - ئايەتتە ﴿لِمِثۡلِ هَٰذَا فَلۡيَعۡمَلِ ٱلۡعَٰمِلُونَ﴾ «ئەمەل قىلغۇچىلار ئەنە شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن» دېگەن. ھەر ئىككى ئىپادە ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدۇ: قوغلايدىغانلار بۇنى قوغلىسۇن، بىرەر غايە ئۈچۈن ئىشلىمەكچى بولغانلار مانا بۇ غايە ئۈچۈن ئىشلىسۇن، ھاياتىدىكى ئاساسلىق ئىشى ئەنە شۇ ئىلاھىي مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلىشىش، مۇسابىقىلىشىش ۋە بەسلىشىش بولسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ
    ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن! — مۇھەممەد سالىھ

    ئىچىشنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. مۇسابىقىلىشىدىغانلار مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن مۇسابىقىلاشسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ ئاخىرى ئىپاردۇر. بەسلەشكۈچىلەر ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن بەسلەشسۇن. — ئەنەس ئالىم

  27. تَعْرِفُ فِي وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ النَّعِيمِ
    ئۇنىڭغا (يەنى ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا تەسنىم ئارىلاشتۇرۇلغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىچىملىكنىڭ ئارىلاشمىسى تەسنىمدىندۇر. — ئەنەس ئالىم

    (27-28) «تەسنىم» ئېگىزلەتمەك، يۈكسەلدۈرمەك ۋە كۆتۈرمەك دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان ئۆتۈملۈك مەسدەر (تۈپ سۆز) بولۇپ، جەننەتنىڭ ئالىي جايلىرىدىن چىقىدىغان ۋە ئۇ جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان بەندىلەر ئىچىدىغان بۇلاقنىڭ ئىسمى بولغان. تۆگىنىڭ لوككىسى دېگەن مەنىدىكى «سنم - سەنەم»، سۆزى بىلەن بۇ «تەسنىم»نىڭ سۆز تومۇرى بىردۇر. «ياخشىلار» ئىچىدىغان «ئېسىل ئىچىملىك»كە «تەسنىم» بۇلىقىنىڭ ئىچىملىكىدىن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. چۈنكى «ياخشىلار» ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئاللاھ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان ۋە جەننەتنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىسىنى بەرگەن (مۇقەررەب) بەندىلەر، يەنە بىرى جەننەتكە كىرگەن باشقا پۈتۈن بەندىلەر. ئەسكەرتىش: بۇ سۈرىنىڭ 23 - ئايىتىدىن باشلاپ بۇ ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلىرىدە ئەھلى جەننەت ئېرىشىدىغان نېمەتلەرنىڭ بىر قىسمى بايان قىلىنىدۇ . جەننەت نېمەتلىرى ئۇلار بىلەن چەكلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. چۈنكى «جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان ۋە كۆزلەر بەھرىلىنىدىغان ھەر نەرسە بار»، جەننەتتە پۈتۈن ئارزۇلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. جەننەتتىكى باشقا نېمەتلەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 28-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى ئاللاھنى كۆرۈش
    يُسْقَوْنَ مِنْ رَحِيقٍ مَخْتُومٍ
    تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    تەسنىم يېقىنلاشتۇرۇلغانلار[4] ئىچىدىغان بۇلاقتۇر. — ئەنەس ئالىم

  29. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 29-ئايەت) كاپىرلىق دىننى مەسخىرە قىلىش
    خِتَامُهُ مِسْكٌ ۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ
    كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، كاپىرلار ھەقىقەتەن مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلار مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى، — ئەنەس ئالىم

    بۇ يەردىكى «گۇناھكارلار» پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان ئىنكارچىلار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ كۈلۈشىنى، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاختىن چىقىش توغرۇلۇق يالۋۇرغاندا، ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 30-ئايەت) كاپىرلىق دىننى مەسخىرە قىلىش
    وَمِزَاجُهُ مِنْ تَسْنِيمٍ
    ئۆيلىرىگە قايتقاندا (مۆمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) مەززە قىلغان ھالدا قايتىشاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ يانلىرىدىن ئۆتكەن چاغلىرىدا ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى، — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ھەر پۇرسەتتە مۇئمىنلەرنى كەمسىتەتتى، ھەر تۈرلۈك شەكىلدە مەسخىرە قىلاتتى، تۆۋەن كۆرەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى بۇنىڭغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئۇلارنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ يانلىرىدىن ئۆتۈۋېتىپ بىر - بىرىگە قاش - كۆز ئىشارىتى قىلىشلىرىمۇ ئۇلارنى كەمسىتىش، زاڭلىق قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىشلىرىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 31-ئايەت) كاپىرلىق دىننى مەسخىرە قىلىش
    عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا الْمُقَرَّبُونَ
    مۆمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار» دېيىشەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆيلىرىگە قايتقاندا مەزە قىلغان ھالدا قايتىشاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەھلىنىڭ يېنىغا قايتقان چاغلىرىدا ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشقان ھالدا قايتاتتى، — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ھەمنەپەسلىرىنىڭ يېنىغا قايتقاندا ۋە ئۈلپەتلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، مۇئمىنلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋالغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللىرى خۇش، كەيپىياتى ياخشى ۋە ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلىغان ھالدا قايتاتتى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەنە مۇئمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ زوق ئالاتتى. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئائىلىلىرىنىڭ يېنىغا قايتقاندا ئۇلارغا مۇئمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بېرەتتى، بىرلىكتە زوقلىناتتى ۋە خۇشال بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 32-ئايەت) كاپىرلىق دىننى مەسخىرە قىلىش
    إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا يَضْحَكُونَ
    ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلارنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئاداشقانلاردۇر» دېيىشەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «ئەنە شۇلار، چوقۇم ئازغۇنلاردۇر» دەيتتى. — ئەنەس ئالىم

    (32-33) ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۆزلىرىنى توغرا يولدا، باشقىلارنى ئازغۇنلۇقتا دەپ بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلەرنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «چوقۇم ئازغۇنلار» دەپ ئۆزىچە تىللىغان بولىدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ مۇئمىنلەرنى كۆزىتىش ۋەزىپىسى يوق، ئەكسىچە ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئېھتىياجى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مۇئمىنلەرگە ئەمەس ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلسۈن، مۇئمىنلەرنىڭ ئىشلىرى ۋە ئەھۋاللىرىغا نازارەت قىلىشنى تاشلاپ ئۆزلىرىنى تەكشۈرسۇن، ئېتىقادىنى توغرىلىسۇن، ئەمىلىنى دۇرۇسلىسۇن، ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرسۇن، شۇنداقلا مۇئمىنلەر كىرگەن يولغا كىرىپ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلسۇن. چۈنكى «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 33-ئايەت) ئادالەتسىزلىك دىننى مەسخىرە قىلىش
    وَإِذَا مَرُّوا بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ
    ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى ئۇلار مۇئمىنلارغا كۈزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئۇلار مۇئمىنلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتىلمىگەن. — ئەنەس ئالىم

  34. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 34-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    وَإِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمُ انْقَلَبُوا فَكِهِينَ
    بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۆمىنلەر كاپىرلاردىن كۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۈگۈن بولسا، مۇئمىنلار كاپىرلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۈگۈن مۇئمىنلار كافىرلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (34-36) قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەر كافىرلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ ۋە تەختلەرنىڭ ئۈستىدە، ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەرگە ۋە بىر - بىرىگە قارايدۇ. «كافىرلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلدىمۇ؟»، ئەلۋەتتە بېرىلدى. كافىرلارنىڭ كافىرلىقى ۋە گۇناھلىرىغا بېرىلىدىغان جازا 15 ~ 17 - ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى جازا بولسا، ئۇلارنىڭ دۇنيادا مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشلىرىگە بېرىلگەن جازادۇر، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى. بۇ، ئۇلار دۇنيادا كۈلگەن مۇئمىنلەرنىڭ ئۇلارغا كۈلۈش بىلەن جاۋاب بېرىشىدۇر، شۇنداقلا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا دۇنيادا مۇئمىنلەرنى كەمسىتىپ كۈلۈشلىرىگە قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرنى ئۇلارغا كۈلدۈرۈپ جازالىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 35-ئايەت) تىرىلىش جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوا إِنَّ هَٰؤُلَاءِ لَضَالُّونَ
    (كاپىرلار) نىڭ ھالىغا (ئېسىل) تەختلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نەزەر تاشلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نەزەر تاشلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار تەختلەرنىڭ ئۈستىدە قارايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  36. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 36-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    وَمَا أُرْسِلُوا عَلَيْهِمْ حَافِظِينَ
    (كاپىرلار مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم