زۇمەر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 75 ئايەت
مەنىسى: جامائە. ئاتىلىش سەۋەبى: مۆئمىنلەر جامائەسى ۋە كۇففارلار جامائەسى سېلىشتۇرۇلغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
    بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بۇ قۇرئان، يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ پۇختا تۈزۈپ نازىل قىلغان كىتابتۇر، شۇڭلاشقا بۇ قۇرئان ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولۇپ بارلىق جىنلار ۋە ئىنسانلار بىرلىشىپمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن بىرەر ئېۋەن تاپالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرەر يېرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ئادىل، نەسىھەتلىرى توغرا، قىسسەلىرى ئەمەلىيەت ۋە خەۋەرلىرى راستتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ قۇرئان ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ئىلاھى كىتابلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئىنسانلار ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، شۇنداقلا ئۇ كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان (مەنسۇخ قىلىدىغان). نازىل بولغاندىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدىغان يېگانە كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. إِنَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ
    ساڭا بىز (بۇ) كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) نازىل قىلدۇق، دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغانىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا بىز بۇ كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، دىنىڭنى شېرىكتىن ساپ قىلغىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز بۇ كىتابنى ساڭا ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. شۇڭا ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلغىن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالەتتە تۈزۈپ نازىل قىلدۇق؛ بىز بۇ قۇرئاندا ھەقىقەتنى بايان قىلدۇق، ھەققانىيەتكە بۇيرۇدۇق، نىجاتلىق يولىنى كۆرسەتتۇق، ھالاكەتتىن ئاگاھلاندۇردۇق. ئۇنداقتا، سەن ئاللاھقا دىنىڭنى خالىس قىلىپ ئىبادەت قىلغىن؛ ئىبادىتىڭنى شېرىكتىن ۋە رىيادىن پاكلاپ، ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلغىن، بىز بۇ قۇرئاندا بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلغىن، توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلانغىن، قىلغان نەسىھەتلەرگە ئەستايىدىل قۇلاق ساقلىغىن ، بايان قىلغان قىسسەلەردىن لايىق رەۋىشتە ئىبرەت ئالغىن، بەرگەن خەۋەرلەرگە جەزمەن ئىشەنگىن. شۇنداق قىلساڭ توغرا يول ئۈستىدە بولىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ ۚ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَىٰ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ
    بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ مەبۇدلىرىنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىلىڭلاركى، ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاگاھ بولۇڭلاركى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلار: «بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ ئىبادەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلىنىشقا، تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىنىشقا، شېرىك ۋە رىياسىز چوقۇنۇلۇشقا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر، چۈنكى ئىلاھلىق سۈپەتلىرى ئاللاھتىلا تېپىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىبادەتنى ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە قىلىش ۋە ئاللاھقىلا قىلىش كېرەك. ئاللاھتىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغان مۇشرىكلار: «بىز بۇلارغا مەخلۇقاتنى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى دەپ قوبۇل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن چوقۇنمايمىز، بىز بۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈنلا چوقۇنىمىز» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇ مۇشرىكلار بىلەن مۇئمىنلار ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان تەۋھىد ۋە شېرىك ھەققىدە قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ كىمنىڭ توغرا يولدا، كىمنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىنى ئايرىيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يالغانچىلىق ۋە تۇزكورلۇقنى ئادەت قىلىۋالغانلارغا ھىدايەت نېسىپ قىلمايدۇ. دەرۋەقە ھېچبىر مۇشرىك ئاللاھ تائالانىڭ رۇبۇبىيىتىدە شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، لېكىن ئىبادەتنى، چوقۇنۇشىنى ۋە بەندىچىلىكنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىۋاتقان ھەرقانداق مۇشرىك، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانى ئەڭ چوڭ ئىلاھ دەپ بىلىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن قورقىدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۇ ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شاپائەتچى بىلەن چىقىشى مەقسىتى بىلەن ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىر ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ كۆزقارىىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، قىلمىشىنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. دېمەككى، ياخشى نىيەت دەۋاسى خاتا قىلمىشنى توغرا ئىشقا ئايلاندۇرمايدۇ، ئۆزىنى قۇدرىتى ۋە ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرۇۋاتقان، ئۆزىگە ئۆزىنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن بولغان ئاللاھقا بىۋاسىتە چوقۇنۇشنى تاشلاپ، باشقا بىرەر شەيئى ۋە بىرەر شەخسكە چوقۇنۇش، چوقۇنغۇچىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. مۇشرىك ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن يىراقلاشقانلىقنى يېقىنلاشقانلىق دەپ بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (39-سۈرە زۇمەر، 4-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە شېرىك تەۋھىد
    لَوْ أَرَادَ اللَّهُ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا لَاصْطَفَىٰ مِمَّا يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
    ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھتۇر.(ئىزاھات:يەنى تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىدىن ئەركەك ـ چىشى بولۇپ جەمئى سەككىز.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ بالا تۇتۇشتىن پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئاللاھ پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىسا ئىدى، مەخلۇقاتىنىڭ ئىچىدىن خالىغىنىنى تاللايتتى. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئۇ ئاللاھتۇر، بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ بالىسى بولۇشنى ئىرادە قىلسا ئىدى، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلار مەنسۇپ قىلغان كىشىلەرنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۆز مەخلۇقاتىنىڭ ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى بالىسى بولۇشقا تاللىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بالىسى بولۇشىنى ئىرادە قىلمىدى. ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر، بالىسى بولۇش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر، يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھتۇر، چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىىدۇر، ھەر نەرسىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتماقتىدۇر. ئاللاھ تائالا 4 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ بالىسى بولۇشتىن پاك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 5 ~ 7 - ئايەتلەردە قۇدرىتىنىڭ بەزى دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ غالىبتۇر. بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ تۇرىدۇ، كۈندۈزنى كېچىنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇردى، ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى، ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت تەييارلاش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئۇلاردىن شۈكۈر قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئاندىن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە ئاسمان جىسىملىرى بىلەن زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىغا بېكىتكەن قانۇنىيەت بىلەن كېچىنى قاراڭغۇ، كۈندۈزنى يورۇق قىلدى، شۇنداقلا ئۇلارنى بىر - بىرىنى قوغلىشىپ بىر - بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان، ئۇلارنى بىرى قىسقىرىپ يەنە بىرى ئۇزىراپ تۇرىدىغان قىلدى. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى يوقتىن يارىتىپ ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل توشقۇچىلىك ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ سىلەرگە خىزمەت قىلىدۇ، پەقەت ئەنە شۇ ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ئىگىسىدۇر؛ خالىغىنىنى خالىغان شەكىلدە ۋە خالىغان ئالاھىدىلىكتە يارىتىدىغان، قىلغان ئىشىدىن ھېچكىمگە ھېساب بەرمەيدىغان يېگانە زاتتۇر. شۇنىڭدەك، ئۇ ئاللاھ سەمىمىي تەۋبە قىلغان ھەر بەندىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۆز پاناھىغا ئېلىپ ئىلتىپات ئاتا قىلىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ ئوخشىشى، تەڭدىشى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىردىنبىر مەبۇدتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِنْ بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
    ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى[1] سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ[2]، ئۈچ قاراڭغۇلۇق[3] ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇلارنى قىلىۋاتقان ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئۇ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئەركەك، بىر چىشى بولۇپ، جەمئىي سەككىز تۇياق ھايۋان چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا ئۈچ قات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ يارىتىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار، خۇسۇسەن ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ دەسلەپتە ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى مەيدانغا كەلتۈردى، ئاندىن بەدەن رەڭگىڭلار ۋە تىلىڭلار پەرقلىق قەبىلە ۋە مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان سىلەرنى ئەنە شۇ ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن تۆرەلدۈرۈپ كۆپەيتتى ۋە يەر يۈزىگە تارقاتتى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئەركەك بىر چىشى بولۇپ جەمئىي سەككىز تۇياق ھايۋان ئاتا قىلدى، شۇنداقلا سىلەرگە ئۇ ھايۋانلار ئارقىلىق گۆش - ياغ، سۈت، قېتىق، يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر ۋە تېرە... قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى . ئاللاھ سىلەرنى ئەسلىدە بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن كۆپەيتىش بىلەن بىرگە سىلەرنى بىۋاسىتە تۇغىدىغان ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا، سىلەرنى قورساق، بالىياتقۇ ۋە ھەمراھتىن ئىبارەت ئۈچ قات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە (پەردە ئىچىدە) بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ يارىتىدۇ ۋە دۇنياغا كەلتۈرىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ ئىشلارنى پىلانلىغان، ئىجرا قىلغان ۋە سىلەرگە ئەنە شۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان زات ئاللاھتۇر، سىلەرنى يوقتىن ياراتقان، باشقۇرۇۋاتقان ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىگەڭلاردۇر، كائىناتنىڭ ۋە بارلىق مەخلۇقاتنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر، ھەقىقىي سەلتەنەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئۇنىڭغا ئائىتتۇر، ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يېگانە مەبۇدتۇر. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر قانداقمۇ ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟! توغرا يولنى تاشلاپ قانداقمۇ ئېزىپ كېتىسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. إِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنْكُمْ ۖ وَلَا يَرْضَىٰ لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ ۖ وَإِنْ تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ ۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ مَرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ (يەنى ھەر ئادەم قىلغان گۇناھىغا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ)، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئاندىن سىلەر رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر كۇفرىلىق قىلساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى: ئاللاھ سىلەردىن غەنىيدۇر[1]. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كۇفرىلىق قىلىشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاخىرىدا ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ دىلىڭلاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئەگەر كۇفرىلىق قىلساڭلار ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىسەڭلار ئۆزۈڭلار زىيان تارتىسىلەر، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىڭلارغا ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلارغا موھتاج ئەمەس. لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كۇفرىلىق قىلىشىغا، شۇنداقلا ئازابقا لايىق بولۇشىغا رازى بولمايدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ شۈكۈر قىلىشىغا ، يەنى نېمەتلەرنى ئۆزى رازى بولىدىغان شەكىلدە تەسەررۇپ قىلىش ۋە ئۇ نېمەتلەردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئۆزى رازى بولىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن ئىپادىلەش ئارقىلىق مۇكاپاتقا لايىق بولۇشىغا رازى بولىدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، گۇناھكارلار قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ ۋە دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان گۇناھلىرىنى يۈدۈگەن ھالەتتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ. ھەر گۇناھكار ئۆز گۇناھىنى يۈدۈپ ماڭىدۇ، ھېچبىر گۇناھكار كىشى باشقا بىر گۇناھكار كىشىنىڭ گۇناھىنى يۈدۈمەيدۇ، كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ، ئاللاھ ھەممەيلەندىن دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ بەدىلىنى بېرىدۇ؛ ئىلاھىي ئادالەت ھەر گۇناھكارغا ئۆز گۇناھىنى كۆتۈرتىدۇ ۋە ئۆز جازاسىنى چەكتۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەر ئىتائەتكارغا ئۆز قىلمىشىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. ئاللاھ دىللارغا يوشۇرۇلغان سىر، كۆڭۈللەرگە پۈكۈلگەن نىيەت ۋە مەقسەتلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا 5 ~ 7 - ئايەتلەردە بەزى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ شۈكۈر قىلغانلارنىڭ ئۆزلىرى پايدا ئالىدىغانلىقىنى، كۇفرىلىق قىلغانلارنىڭ ئۆزلىرى زىيان تارتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. 8 - ۋە 9 - ئايەتلەردە بولسا، تۇزكورلارنىڭ تۇراقسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ شۈكۈر قىلغانلار بىلەن ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُ مُنِيبًا إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُ نِعْمَةً مِنْهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدْعُو إِلَيْهِ مِنْ قَبْلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَنْدَادًا لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۚ قُلْ تَمَتَّعْ بِكُفْرِكَ قَلِيلًا ۖ إِنَّكَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ
    ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان (ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن) چاغدا، ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى، «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، (بۇ پانىي دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، رەببىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان چاغدا، ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى: «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، بۇ پانىي دۇنيادىن ئازغىنا بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانغا بىرەر زىيان يەتسە رەببىگە يۆنەلگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن رەببى ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىدىن نېمەت ئاتا قىلسا، ئىلگىرى ئۇنىڭغا دۇئا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ. ئېيتقىنكى: «كۇفرىلىقىڭ بىلەن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن بولۇپ تۇرغىن، شۈبھىسىزكى، سەن دوزاخ ئەھلىدىنسەن». — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلىپ شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىگەن ئىنسانلار شۇنداق تۇراقسىز ۋە ئارامسىز ئادەملەركى، ئۇلار كېسەللىك، ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئوخشىغان بىرەر زىيان - زەخمەتكە يولۇقسا، ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرىدۇ ۋە نىجاتلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇسىبىتىنى كۆتۈرۈۋېتىپ ئۇلارغا نېمەت ئاتا قىلسا، ئۇلار ئىلگىرى بېشىغا مۇسىبەت يەتكەنلىكىنى، مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئاللاھقا دۇئا قىلغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇ مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى : «كۇفرىلىقىڭلار بىلەن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، يېقىندا ئۆلىسىلەر ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىسىلەر». ئەسكەرتىش: ئىنساننىڭ ھەممىسى بىئارام ۋە تۇراقسىز ئەمەس، ئەكسىچە پاراۋانلىقتىمۇ قىيىنچىلىقتىمۇ ھېچ تېڭىرقىماستىن ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان، توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭىدىغان مۇئمىن ئىنسانلارمۇ بار. ئۇلار نېمەتكە ئېرىشسە شۈكۈر قىلىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇقسا سەۋر قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر ئىككى ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھقا بولغان ئىشەنچى، ھەمدۇساناسى ۋە ئىبادىتى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ 8 - ئايەتتە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان بىئارام ۋە تۇراقسىز ئىنسانلار ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان يامان ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
    (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشۇنداق ئادەم ياخشىمۇ؟- ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم ياخشىمۇ؟». ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كافىر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئەندىشىسى ۋە رەببىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن كىشى ياخشىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟» بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    «ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن قورقۇپ ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىدا سەجدە ۋە قىيام بىلەن ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىدىغان كىشى ياخشىمۇ؟ ياكى قىينچىلىققا دۇچ كەلگەن چېغىدا ئاللاھقا يېلىنىپ - يالۋۇرىدىغان، ئازادىچىلىككە چىققان چېغىدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان تۇراقسىز ئادەم ياخشىمۇ؟ دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىگە ئالدىنىپ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىۋاتقان ۋە ئاللاھنى پەقەت بېشىغا كۈن چۈشكەندىلا ياد ئېتىدىغان ئۇ كافىرنىڭ ئەھۋالى بىلەن، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن تائەت - ئىبادەت قىلىدىغان، بولۇپمۇ كېچىلىرى باشقىلار ئۇخلىغاندا ناماز ۋە دۇئا بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدىغان مۇئمىننىڭ ئەھۋالى باراۋەر بولامدۇ؟ ياق ئەسلا باراۋەر بولمايدۇ»، ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى بىلىدىغان، شۇنداقلا بۇ بىلىمىگە يارىشا ياشايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇلارنى بىلمەيدىغان ۋە نەپسى بىلەن شەيتانغا ئەگىشىپ ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ۋە ئۇ دۇنيادىكى ئاقىۋىتى ئوخشاش بولامدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ» ئى مۇھەممەد! ئاسىي بىلەن ئىتائەتكارنىڭ ۋە ئالىم بىلەن جاھىلنىڭ پەرقىنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئەسلەيدۇ. ئاللاھ تائالا 9 - ئايەتتە ئاسىي بىلەن ئىتائەتكارنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 10 ~ 16 - ئايەتلەردە ئىتائەتكار بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئۇقتۇرىدۇ ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. قُلْ يَا عِبَادِ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
    ئېيتقىنكى، «ئى (ئاللاھنىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    -مېنىڭ نامىمدىن- ئېيتقىنكى: «ئى ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىم! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر، سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلارغا ياخشىلىق بار. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۆز ئەجىرلىرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مېنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمگە مۇنۇ سۆزۈمنى يەتكۈزگىن: «ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! سىلەرنى يوقتىن ياراتقان، باشقۇرۇۋاتقان ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىگەڭلار بولغان ماڭا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛ مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئادا قىلىڭلار، مەن توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىڭلار، مەن قىلغان نەسىھەتلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سېلىڭلار. بۇ دۇنيادا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ؛ بۇ دۇنيادا ھاكىمىيەت، خاتىرجەملىك ۋە پاراۋانلىققا ئىگە بولىدۇ، ئۇ دۇنيادا جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئى بەندىلىرىم! بۇ دۇنيادا ئەنە شۇ بەختلىك ھاياتقا، ئۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەت يۇرتى بولغان ئەنە شۇ جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەتنى، يەنى تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەتنى ماڭىلا قىلىڭلار، ياشاۋاتقان يېرىڭلاردا ماڭا لايىق رەۋىشتە بەندىچىلىك قىلالمىساڭلار، باشقا جايلارغا ھىجرەت قىلىڭلار، چۈنكى مېنىڭ زېمىنىم كەڭدۇر، شۇڭلاشقا قەيەردە ياشاشنى ئەمەس ماڭا ئىبادەت قىلىپ ياشاشنى ئاساس قىلىڭلار. يۇرت - ماكاننى تاشلاشقا ۋە يېقىن - يورۇقلاردىن ئايرىلىشقا سەۋر قىلىڭلار، چۈنكى دىنىنى ساقلاش يولىدا چەككەن جاپا مۇشەققەت ۋە كەلگەن ئازار - كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى ھېسابسىز مۇكاپات بېرىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ
    ئېيتقىنكى، «مەن دىننى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «مەن دىننى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، — ئەنەس ئالىم

    (11-12) ئى مۇھەممەد! مۇئمىن بەندىلىرىمگە يۇقىرىدىكى پەرمانىمنى ۋە بېشارىتىمنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، مۇشرىكلارغا ئۆزۈڭنىڭ يولۇڭنى ۋە مەيدانىڭنى ئېلان قىلىپ ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مېنى ئۆزىگە دىنىمنى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى؛ ئىبادىتىمنى شېرىكتىن ۋە رىيادىن پاكلاپ، ئۆزىگە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلىشقا، تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن بەندىچىلىك قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭدەك، ئاللاھ مېنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغان بۇ ئۇممەتنىڭ ئاۋۋىلى ۋە يولباشچىسى بولۇشقا بۇيرۇدى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَأُمِرْتُ لِأَنْ أَكُونَ أَوَّلَ الْمُسْلِمِينَ
    ھەمدە (بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» — مۇھەممەد سالىھ

    ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم». — ئەنەس ئالىم

  13. قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
    ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنى جەھەننەم ئوتى بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر مەن رەببىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن[1]» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىنكى: «ئەگەر مەن مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ بۇيرۇقلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقىمەن، شۇڭلاشقا مەن ئىگەم - ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەستايىدىل ئىتائەت قىلىمەن؛ ئاداققىچە تەۋھىد ئۈستىدە ياشايمەن، باشقىلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. قُلِ اللَّهَ أَعْبُدُ مُخْلِصًا لَهُ دِينِي
    ئېيتقىنكى، «دىنىمنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «دىنىمنى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھقا دىنىمنى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىمەن. — ئەنەس ئالىم

    (14-15) ئى مۇھەممەد! مۇشرىڭلارنىڭ سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇش ئۈمىدىنى يوق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىڭنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھقا دىنىمنى خالىس قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلىمەن؛ ئىبادىتىمنى شېرىك ۋە رىيادىن پاكلاپ ئاللاھقا قىلىمەن، ئاللاھقا تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىمەن. مېنىڭ يولۇم، دەۋايىم ۋە دەۋەت قىلىدىغىنىم مانا بۇ يولدۇر. سىلەر ناۋادا مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلمىساڭلار، ئاللاھتىن باشقا ئۆزۈڭلار خالىغان مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، چوقۇنۇڭلار». ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە قىيامەت كۈنى يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقىنكى: «ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار دۇنيادا ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلەش بىلەن قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىلىرىنى زىيان تارتقۇزغۇچىلاردۇر. بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ ئاشكارا زىياندۇر»، بۇ ئىپادىنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۇلار دۇنيادا ئۆزىلىرى توغرا يولدىن ئازغان ۋە ئائىلە تەۋەلىرىنى ئازدۇرغان بولسا، بۇ تەقدىردە قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تەۋەسىنىڭ دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ زىيان چېكىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، ناۋادا ئۆزلىرى ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن، لېكىن ئائىلە تەۋەسى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇلار ئۆزلىرى دوزاخقا، ئائىلە تەۋەسى جەننەتكە كىرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە دوزاخقا تاشلىنىش ۋە ئائىلە تەۋەسىدىن ئايرىلىپ كېتىش زىيىنىنى يەتكۈزگەن بولىدۇ، ئائىلە تەۋەسىگە جەننەتتە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىش زىيىنىنى يەتكۈزگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. فَاعْبُدُوا مَا شِئْتُمْ مِنْ دُونِهِ ۗ قُلْ إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
    سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى، «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!» ئېيتقىنكى: «قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر، بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ روشەن زىياندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار». ئېيتقىنكى: «ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىلىرىنى زىيان تارتقۇزغۇچىلاردۇر. بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ ئاشكارا زىياندۇر. — ئەنەس ئالىم

  16. لَهُمْ مِنْ فَوْقِهِمْ ظُلَلٌ مِنَ النَّارِ وَمِنْ تَحْتِهِمْ ظُلَلٌ ۚ ذَٰلِكَ يُخَوِّفُ اللَّهُ بِهِ عِبَادَهُ ۚ يَا عِبَادِ فَاتَّقُونِ
    ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ (قاتتىق ئازاب) بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! (ئازابىمدىن) قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئۈستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىنمۇ قاتمۇقات ئوت ئورىۋالىدۇ، شۇ قاتتىق ئازاب بىلەن ئاللاھ بەندىلىرىنى قورقىتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! ساقلىنىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىمۇ قاتمۇقات ئوت بولىدۇ[2]. ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەنە شۇ ئازاب بىلەن قورقۇتىدۇ». ئى بەندىلىرىم! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    دوزاختا ئۇلارنى ھەر تەرىپىدىن ئوت قورشىۋالىدۇ؛ ئۈستىدە ئوتتىن يوتقانلار، ئاستىدا ئوتتىن تۆشەكلەر بولىدۇ، يۈزلىرىگە ئوتنىڭ يالقۇنلىرى يامىشىدۇ، دەسسەپ تۇرىدىغان يەرلىرىمۇ ئوت بولىدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى كافىرلار يولۇقىدىغان بۇ يامان ئاقىۋەتنى بىلدۈرۈش بىلەن بەندىلىرىنى ئەنە شۇ ئازابتىن قورقۇتىدۇ؛ ئالدىلىرىدا پۇرسەت بار چاغدا ئۇ ئازابقا دۇچار بولماسلىقنىڭ چارىسىنى قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئاللاھ ئېيتىدۇ: «ئى بەندىلىرىم! قىيامەت كۈنى ئەنە شۇ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقماسلىق ئۈچۈن مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان چېغىڭلاردىكى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلىڭلار، مەن توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىڭلار ۋە مەن قىلغان نەسىھەتلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سېلىڭلار». ئاللاھ تائالا 10 ~ 16 - ئايەتلەردە ئىتائەتكار بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئۇقتۇرىدۇ ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 17 ~ 20 - ئايەتلەردە بولسا، ئىتائەتكار بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئىتائەتكارلارنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. وَالَّذِينَ اجْتَنَبُوا الطَّاغُوتَ أَنْ يَعْبُدُوهَا وَأَنَابُوا إِلَى اللَّهِ لَهُمُ الْبُشْرَىٰ ۚ فَبَشِّرْ عِبَادِ
    تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شەيتانغا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا ۋە ئاللاھقا قايتقانلارغا -جەننەت بىلەن- خۇش خەۋەر باردۇر، خۇش مېنىڭ شۇ بەندىلىرىمگە خەۋەر بەرگىنكى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    تاغۇتقا[3] ئىبادەت قىلىشتىن يىراق بولۇپ، ئاللاھقا يۆنەلگەنلەرگە خۇش خەۋەر بار. ئۇ ھالدا بەندىلىرىمگە خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم

    بۇتلارغا ۋە ئۆزلىرىنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق كۆرگەن ئادەملەرگە چوقۇنۇشتىن، شەيتانلارنىڭ كەينىگە كىرىشتىن ساقلىنىپ، ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك، تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن تائەت - ئىبادەت قىلغان كىشىلەر دۇنيادا نۇسرەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇ بەندىلىرىمگە بۇنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ
    تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەندىلىرىم سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيا - ئاخىرەتتە ئىلاھىي مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ئۇ بەندىلەر، ئېيتىلغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى سۆزگە ئەمەل قىلىدۇ. ئەنە شۇ بەندىلەر ئاللاھ ھىدايەت نېسىپ قىلغان (توغرا يولغا كەلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان)، توغرا يولدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغان ۋە ئۇ يولدا ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ ھەقىقەتنى تونۇغان ۋە دىللىرى ئەقىللىرىنىڭ ئۈندەشلىرىگە بويسۇنغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. أَفَمَنْ حَقَّ عَلَيْهِ كَلِمَةُ الْعَذَابِ أَفَأَنْتَ تُنْقِذُ مَنْ فِي النَّارِ
    كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا (ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ)، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا -ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ-، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولغان، دوزاختىكى كىشىنى سەن قۇتقۇزالامسەن؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزلىرىنىڭ خاتا تاللىشى بىلەن، ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى شەيتان بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا تاشلىشىغا تېگىشلىك بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلىپ ئۇنى دوزاختىن قۇتقۇزالامسەن؟ ياق، قۇتقۇزالمايسەن. سەن پەقەت ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان ۋە قۇرئانغا بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىلا توغرا يولغا باشلىيالايسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. لَٰكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ غُرَفٌ مِنْ فَوْقِهَا غُرَفٌ مَبْنِيَّةٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَعْدَ اللَّهِ ۖ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ الْمِيعَادَ
    لېكىن (دۇنيادا) پەرۋەردىگارىدىن قورققانلار (جەننەتتە) قەۋەت ـ قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، (بۇ) ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن دۇنيادا رەببىدىن قورققانلار جەننەتتە قەۋەت ـ قەۋەت ئالىي ئىمارەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا قەۋەتلەپ سېلىنغان ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي سارايلار بار. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    لېكىن ئاللاھنىڭ يۇقىرىدىكى (16 - ئايەتتىكى) «ئى بەندىلىرىم! ماڭا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا لايىق رەۋىشتە بويسۇنغانلار قىيامەت كۈنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە جەننەتتىكى ئالىي سارايلاردا كۈتۈلىدۇ، ئۇ سارايلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا بۇ مۇكاپاتنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ؛ ئۇلار ئاخىرەتتە بۇ مۇكاپاتقا چوقۇم ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 17 ~ 20 - ئايەتلەردە ئىتائەتكار بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئىتائەتكارلارنىڭ ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ. 21 ~ 26 - ئايەتلەردە بولسا، بۇ دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھىدايەت تېپىپ ئاخىرەتتىكى ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
    سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار — مۇھەممەد سالىھ

    سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، ئاندىن ئۇ سۇنى زېمىندىكى بۇلاقلارغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەت چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ زىرائەت قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەسلىتىش بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسان! كۆرۈۋاتىسەن ۋە بىلىۋاتىسەنكى، ئاللاھ ئاسماندىن قار ۋە يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى زېمىندىكى بۇلاقلاردا ئېقىتىدۇ، ئاندىن ئۇ سۇلار بىلەن شەكلى، رەڭگى ۋە ماھىيىتى پەرقلىق تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ يېتىشتۈرىدۇ، ئۇ زىرائەتلەر ياپيېشىل ھالەتكە كېلىپ ئۆزلىرى يېتىشكەن جايلارنى گۈزەللەشتۈرگەندىن كېيىن قاتتىقلىشىدۇ ۋە قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇلارنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، بۇ باسقۇچتىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى پارچىلاپ كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىدۇ. ئەقلى ساغلام ۋە ئۆتكۈر كىشىلەر ئەنە شۇ جەريانغا قاراپ بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشىمايدىغانلىقىنى، يېقىندا بۇ دۇنيادىن باشقا بىر دۇنياغا كۆچۈپ كېتىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ھاياتى ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە تەييارلىق قىلىشى لازىملىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. أَفَمَنْ شَرَحَ اللَّهُ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ فَهُوَ عَلَىٰ نُورٍ مِنْ رَبِّهِ ۚ فَوَيْلٌ لِلْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ مِنْ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كەڭ قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى ئۈستىدە بولغان ئادەم (دىلى كور ئادەم بىلەن) ئوخشاشمۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىنى تەرك ئەتكەنلىكتىن دىللىرى قېتىپ كەتكەنلەرگە ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ كۆكسىنى ئىسلامغا ئېچىۋاتقانلار، رەببىنىڭ نۇرى ئۈستىدىدۇر. قەلبى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن يۇمشىمىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەنە شۇلار روشەن گۇمراھلىقتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ كىمنىڭ كۆكسىنى ئىسلامغا ئاچسا، ئۇ كىشى رەببىدىن كەلگەن نۇر ئۈستىدە بولمامدۇ؟ ئاللاھنىڭ زىكرىگە قەلبى قاتتىق بولغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەنە شۇلار ئاشكارا ئازغۇنلۇقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشمۇ؟ ياق، ئەسلا ئوخشاش ئەمەس؛ ئۆزىنىڭ ھەقكە ئىنتىلىشى، ھەقنى ئىزدىشى ۋە ھەقنى تېپىپ قوبۇل قىلىشى بىلەن ئاللاھنىڭ، دىلىنى ئىسلام بىلەن يورۇتىشىغا ۋە ئەقلىنى ئايەتلەرنىڭ نۇرى بىلەن كۈچەيتىشىگە مۇيەسسەر بولغان كىشىلەر بىلەن، ئاللاھنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماسلىق، ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلماسلىق، شۇنداقلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن دىللىرى قېتىپ كەتكەن ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ نەسىھەتىگە دىلى يۇمشىمىغان ئادەملەرنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ئۇلار يېقىندا كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاشكارا ئازغۇنلۇقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
    ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز ـ نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسەلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، تەكرارلىنىدىغان رەۋىشتە بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ تىرىلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشايدۇ، ئەنە شۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ ھىدايەت رەھبىرىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشى ھىدايەت تاپىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن - ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى ئۇنىڭدىن تىترەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشايدۇ. ئەنە شۇ كىتاب ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆز بولغان قۇرئاننى، ئايەتلىرى پۇختىلىقتا، گۈزەللىكتە، توغرا يولنى كۆرسىتىشتە ۋە مۆجىزىلىكتە بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان، بىرى - بىرىنى تەپسىر قىلىدىغان، بەندىلەرنىڭ ئوبدان چۈشىنىشى ئۈچۈن ئەھكام، نەسىھەت ۋە قىسسەلەر تەكرارلىنىدىغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. ئۆزىنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئىگىسى - ئاللاھتىن ھېيىقىدىغان كىشىلەر ئۇ كىتابتىن ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئاڭلىسا قورقۇپ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاللاھنىڭ خۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلىسا بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىلتىجا قىلىش روھى كۈچىيىدۇ. ئەنە شۇ سۈپەتتىكى قۇرئان ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە توغرا يولنى كۆرسىتىشى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرىدۇ، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋەتكەن ئادەمنى ھېچكىم توغرا يولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (39-سۈرە زۇمەر، 24-ئايەت) ھىساب تىرىلىش ئىلاھىي ئازاب
    أَفَمَنْ يَتَّقِي بِوَجْهِهِ سُوءَ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَقِيلَ لِلظَّالِمِينَ ذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
    قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) زالىملارغا (يەنى كاپىرلارغا): «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابتىن يۈزى بىلەن ساقلىنىشقا تىرىشقان كىشى، ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ زالىملارغا : «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت كۈنى ئەڭ يامان ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان كىشى، ئازابتىن ئەمىن بولىدىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇ كۈنى زالىملارغا: «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەنلەر بىلەن ئۆزىنىڭ تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكى، شۇنداقلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىشىگە مەھكۇم بولغانلار قىيامەت كۈنى ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئېرىشمەيدۇ؛ بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئازدۇرۇۋېتىشىگە لايىق بولغانلار قىيامەت كۈنى قول - پۇتلىرى زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ھالەتتە دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئەڭ يامان ئازاب بىلەن جازالىنىدۇ ۋە ئۇلارغا، «بۇ ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىدۇر، ئۇنى مەڭگۈ چېكىسىلەر» دېيىلىدۇ. ئەمما بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ توغرا تاللىشى ۋە لايىق رەۋىشتە تىرىشىشى نەتىجىسىدە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەنلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرى سۈپىتىدە جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا، «بۇ يەردىكى ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىسىلەر» دېيىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئەنە شۇ ئىككى پىرقە ئوخشاشمۇ؟ ئەسلا ئوخشاش ئەمەس! شۇڭلاشقا ھازىر ئالدىڭلاردىكى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى جەننىتىگە لايىق بولۇشقا تىرىشىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَأَتَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (ئۈممەت) لەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى. ئازاب ئۇلارغا ئويلىمىغان يەردىن كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى يالغان دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى. — ئەنەس ئالىم

    (25-26) ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭدىن ئىلگىرىكى قەۋملەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانچىغا چىقارغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى، ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئازابقا دۇچار قىلدى؛ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ ۋە ئازابنىڭ تەمىنى تېتىتتى. ئۇلار ئۇ دۇنيادا مەھكۇم بولىدىغان ئازاب تېخىمۇ چوڭ، ناھايىتى قاتتىق ۋە ئىنتايىن ياماندۇر. بۇ مۇشرىكلار ئۇنى بىلگەن بولسا، نەسىھەتنى قوبۇل قىلغان، توغرا يولغا كەلگەن ۋە ئۇ ئازابقا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا 21 ~ 26 - ئايەتلەردە بۇ دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھىدايەت تېپىپ ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 27 ~ 31 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ يولنىڭ نېمىلىكىنى تونۇتىدۇ، مۇشرىك بىلەن مۇئمىنىنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ دۇنيانىڭ پانىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر، مۇشرىكلارغا شۇم خەۋەر بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. فَأَذَاقَهُمُ اللَّهُ الْخِزْيَ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ (تەمىنى) تېتىتتى، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار (ئاخىرەتنىڭ ئازابىنى) بىلسە ئىدى (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلمايتتى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيادا خارلىقنىڭ تەمىنى تېتىتتى، ئۇلار بىلىدىغان بولسا ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا خارلىقنى تېتىتتى. ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ! — ئەنەس ئالىم

  27. وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
    بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك مىسالنى بايان قىلدۇق. ئۇلار ئويلانغاي. — ئەنەس ئالىم

    بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارنىڭ ھەق بىلەن باتىلنى تونۇشى، قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يېتىشى، دۇنيا ھاياتىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشى، توغرا يولدىكىلەرنىڭ ۋە خاتا يولدىكىلەرنىڭ پەرقىنى بىلىشى، شۇنداقلا ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئەسلىشى ۋە نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. بايان قىلىنغان مىسال چوڭقۇر مەنىنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا چىقىرىدۇ، زېھىندىن يىراق ھەقىقەتنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەقىل بىلەن بىلىنىدىغان ھېكمەتنى سەزگۈ ئەزالار بىلەن بىلگىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەسىلىنى چۈشىنىشى ئاسانلىشىدۇ. شۇڭلاشقا روشەن ئەرەبچە نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمدە، ئەرەبچىنىڭ مىسال بايان قىلىش ئۇسلۇبىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. قُرْآنًا عَرَبِيًّا غَيْرَ ذِي عِوَجٍ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
    قۇرئان ئەرەبچىدۇر، ئەگرىلىكتىن خالىدۇر، ئۈمىدكى، ئۇلار (قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ كۇفرىدىن) ساقلانغاي — مۇھەممەد سالىھ

    ساقلىنىشلىرى ئۈمىدى بىلەن قۇرئاننى ئەرەبچە ۋە ئەگرىلىكتىن خالى بىر كىتاب قىلىپ نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھېچبىر ئەگرىلىكى بولمىغان[4]، ئەرەبچە قۇرئاندۇر. ئۇلار تەقۋادار بولغاي. — ئەنەس ئالىم

    بىز بۇ قۇرئاننى، ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئىجرا قىلىشى ئۈچۈن، زىتلىقتىن خالىي ۋە خاتالىقتىن پاك ھالەتتە تۈزۈپ، روشەن ئەرەبچە تىلدا نازىل قىلدۇق؛ بىز قۇرئاننى راۋان ئەرەبچە تىلدا، مەنىسى بىر پۈتۈنلۈك تەشكىل قىلىدىغان ھالەتتە، ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئېسىدە ساقلىشىنى ئاسان قىلىپ نازىل قىلدۇق. بۇنىڭ ھېكمىتى، ئىنسانلارنىڭ قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇشى، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىشى ۋە قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى، شۇنداقلا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَجُلًا فِيهِ شُرَكَاءُ مُتَشَاكِسُونَ وَرَجُلًا سَلَمًا لِرَجُلٍ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا ۚ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر-بىرى بىلەن تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇلنىڭ ئەھۋالى باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق بىر مىسال بايان قىلدى: بىر ئادەم باركى، ئۇنىڭ بىر -بىرى بىلەن زىت بىرقانچە خوجايىنى بار، يەنە بىر ئادەم باركى، ئۇنىڭ بىرلا خوجايىنى بار. بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولامدۇ؟ ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مۇشرىكنىڭ ۋە مۇئمىننىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىككى دانە قۇلنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى؛ ئى ئىنسانلار! بۇ مىسالغا قۇلاق سېلىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭلار: ھەربىرى پەرقلىق بىر ئىشقا بۇيرۇيدىغان بىرقانچە خوجايىننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر قۇلنىڭ ئەھۋالى بىلەن، بىرلا خوجايىننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەنە بىر قۇلنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولامدۇ؟ ياق، ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى بىرقانچە خوجايىننىڭ قۇلى خوجايىنلىرىنىڭ پەرقلىق بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ بولالمايدۇ، شۇنداقلا دائىم بىئارامچىلىقتا ياشايدۇ، لېكىن بىرلا خوجايىننىڭ قۇلى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداپ ئۆز ئارامىدا ياشايدۇ. ھەقىقەتنى مۇشۇنداق ئېنىق چۈشەندۈرگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنىلا ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدۇ، تەۋھىدنىڭ ھەق شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئويلىمايدۇ ۋە بىلمەسكە سالىدۇ، نەتىجىدە شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (39-سۈرە زۇمەر، 30-ئايەت) ئۆلۈم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى
    إِنَّكَ مَيِّتٌ وَإِنَّهُمْ مَيِّتُونَ
    سەن ھەقىقەتەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى سەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (30-31) ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ھەممىڭلارنى ئەجەل بەلگىلەپ ياراتقان، شۇڭلاشقا يېقىندا سەنمۇ ئۆلىسەن، مۇشرىكلارمۇ ئۆلىدۇ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ھەممىڭلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ قەبرىڭلاردىن چىقىرىدۇ ۋە ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب سورايدۇ. سەن ۋە ئۇلار شۇ يەردە بىر - بىرىڭلار بىلەن دەۋالىشىسىلەر؛ سەن ئۇلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزگەنلىكىڭنى، ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغانلىقىڭنى، ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلغانلىقىنى ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكىنى ئېيتىسەن، ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ، ئورۇنسىز سەۋەب كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەسنادا ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىيدۇ؛ سېنى ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەرنى جەننەتكە، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىغان مۇشرىكلارنىڭ تامامىنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (39-سۈرە زۇمەر، 31-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عِنْدَ رَبِّكُمْ تَخْتَصِمُونَ
    ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دەۋا قىلىشىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دەۋا قىلىشىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا دەۋالىشىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

  32. فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَذَبَ عَلَى اللَّهِ وَكَذَّبَ بِالصِّدْقِ إِذْ جَاءَهُ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْكَافِرِينَ
    ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان، نازىل بولغان راست سۆزنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان، نازىل بولغان راست سۆز - قۇرئان-نى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە كەلگەن راستنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كافىرلارغا ئورۇن يوقمۇ! — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھقا بالا مەنسۇپ قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام ۋە ئاللاھ ھالال قىلمىغان نەرسىنى ھالال دەپ قاراش، ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىشنى «ئاللاھ بۇيرۇدى»، ئاللاھ توسمىغان ئىشنى «ئاللاھ توستى» دەپ دەۋا قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئاز دېگەندە بىرى بىلەن ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاللاھتىن ئۆزىگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئادەم ئەڭ زالىم ئادەم بولۇپ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا ئورۇنلارشتۇرۇلىدۇ، جۈملىدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئارقىلىق ئاللاھتىن ئۆزىگە كەلگەن توغرا دىن - ئىسلامنى ئىنكار قىلىپ شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىگەن ئادەملەر ئۆزلىرىگە ئەڭ يامان زۇلۇمنى قىلغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى دوزاخقا لايىق قىلغان بولىدۇ ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار، ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان ئەرەب مۇشرىكلىرى ئاللاھقا بالا مەنسۇپ قىلاتتى. مەسىلەن: يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى»، ناسارالار: «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى، مۇشرىكلار: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايتتى. مۇشرىكلار ئاللاھقا، «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېگەن بوھتاننى چاپلىغاندىن سىرت، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، بەيتۇللاھنى يالىڭاچ تاۋاپ قىلىش، بەزى ئېكىن ۋە ھايۋانلىرىنى ھارام دەپ بىلىش قاتارلىق قەبىھ ئىشلارنى قىلىپ، ئاندىن: «بىزنى بۇنىڭغا ئاللاھ بۇيرۇدى» دەپ ئاللاھقا بوھتان قىلاتتى. شۇنىڭدەك، بەزىلەر پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىش، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئورنىدا قويۇپ دىندا ھۆكۈم بەلگىلەش بىلەن ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە ئەڭ ئېغىر زۇلۇمنى قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە، جۈملىدىن بۇ (32 -) ئايەتتە ئەنە شۇ يەھۇدىي، ناسارا ۋە مۇشرىكلارنىڭ، بۇ تۆھمەتلەرنى قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئەڭ ئېغىر زۇلۇمنى قىلغان، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى دوزاخ ئازابى بىلەن جازالىنىشقا تېگىشلىك قىلغان ئادەملەر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى بۇنداق تۆھمەتلەرنى چاپلاشتىن توسۇپ تەۋبىگە دەۋەت قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئۆزىگە ئەڭ ئېغىر زۇلۇم قىلغانلار يۇقىرىدىكىلەر بىلەن چەكلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرغان، مەسجىد - جامەلەردە ئىبادەت قىلىنىشىنى توسۇپ ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغان، ئايەتلەر بىلەن قىلىنغان نەسىھەتتىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئۇنتۇغان ئادەملەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئەڭ ئېغىر زۇلۇم قىلغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (39-سۈرە زۇمەر، 33-ئايەت) تەقۋادارلىق ئىمان ھەق
    وَالَّذِي جَاءَ بِالصِّدْقِ وَصَدَّقَ بِهِ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
    راست سۆز (يەنى قۇرئان) نى ئېلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەر ـ ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    راست سۆز - قۇرئاننى - ئېلىپ كەلگەن كىشى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    راستنى ئېلىپ كەلگەن كىشى بىلەن ئۇنى تەستىقلىغان كىشىلەرگە كەلسەك، تەقۋادارلار ئەنە شۇلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    (33-35) ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ۋە ئاللاھتىن كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئادەملەر ئەڭ زالىم ئادەملەر ھېسابلىنىپ قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئاللاھتىن ھەقىقەتنى ئېلىپ كېلىپ ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇ ھەقىقەتنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن مۇئمىنلارغا كەلسەك، پەقەت بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشىلەرلا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن لايىق رەۋىشتە ساقلىنىپ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتلىشىغا لايىق بولغان ئادەملەردۇر. ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنىڭ نېمىلىكىگە كەلسەك، ئۇلار بۇ دۇنيادا نۇسرەت، غەلىبە ۋە زەپەرگە ئېرىشىدۇ، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىپ ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار جەننەتتە پۈتكۈل مۇراد - مەقسەتلىرىگە يېتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايدۇ. «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ» دېمەك، ئۇلارنىڭ «يامان ئەمەللىرىنى» ئاللىقاچان يوققا چىقىرىدۇ دېمەكتۇر. «ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ئاساس قىلىدۇ» دېمەك، ئۇلارنىڭ «ياخشى ئەمەللىرى»نى «ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى» قاتارىدا ھېسابلاپ مۇكاپات بېرىدۇ دېمەكتۇر. تەقۋادارلارنىڭ ئەنە شۇ قىيامەت كۈنى ئەنە شۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ياخشى مۇئامىلىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر . ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا كۇفرىلىقتىن يېنىپ توغرا يولنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ پۈتكۈل گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ، شۇڭلاشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. لَهُمْ مَا يَشَاءُونَ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ
    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۆزلىرى خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلىرىگە ئېرىشىدۇ. مانا بۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  35. لِيُكَفِّرَ اللَّهُ عَنْهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي عَمِلُوا وَيَجْزِيَهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بويىچە ساۋاب بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ[5]. — ئەنەس ئالىم

  36. أَلَيْسَ اللَّهُ بِكَافٍ عَبْدَهُ ۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِالَّذِينَ مِنْ دُونِهِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
    ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقىلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى قوغداشقا يەتمەمدۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (36-37) ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ئۆز بەندىسى بولغان سېنىڭ ئېھتىياجلىرىڭنى قامداشقا ۋە سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاشقا ئەلۋەتتە كۇپايە قىلىدۇ. مۇشرىكلار سېنى ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن قورقۇتىدۇ، سەن ئۇ ئازغۇنلارنىڭ بۇ تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، چۈنكى سېنى ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ سېنى قوغدايدۇ. ئۆزىنىڭ تەرسالىقى ۋە تەقلىدچىلىكى بىلەن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالغان ئادەمنى ھېچكىم توغرا يولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ توغرا يولنى تاللىشى ۋە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەن كىشىنى ھېچكىم توغرا يولدىن ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ئىگىسىدۇر، دوستلىرىغا نۇسرەت ئاتا قىلغۇچىدۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن بىر سىستېما بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇ سىستېمىسى بويىچە ھىدايىتىگە لايىق كۆرگەن بەندىلىرىنى ھىدايىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇ سىستېمىسى بويىچە ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىشكە لايىق كۆرگەن بەندىلىرىنى ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا 32 ~ 37 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ، مۇشرىكلارنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 38 ~ 40 - ئايەتلەردە بولسا، مۇشرىكلارنىڭ زىتلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. وَمَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُضِلٍّ ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِعَزِيزٍ ذِي انْتِقَامٍ
    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھقالىب، (دۈشمەنلىرىنى) جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھغالىب، دۈشمەنلىرىنى جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئەزىز ۋە ئىنتىقام ئالغۇچى ئەمەسمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  38. وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ ۚ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ ۖ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ
    ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا ئاللاھتىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «ئاللاھ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا ئاللاھ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا، سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرىۋاتقان نەرسىلەر قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن - ھەممە ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلاردىن «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئاللاھ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇۋالالامدۇ؟». ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلاردىن ئەگەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن مۇنۇ سوئاللارنى سورىغىن: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، خۇسۇسەن ھاجىتىڭلارنى راۋا قىلىپ قويۇشىنى يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ تىلەۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ نېمە ياراتقانلىقى، نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقى، چوقۇنۇشۇڭلارغا لايىق بولۇپ بولمىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى! ئەگەر ئەنە شۇ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان ئاللاھ ماڭا كېسەللىك، پېقىرلىق، ئاپەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئوخشاش بىرەر زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ مەبۇدلىرىڭلار ئۇ زىياننى مەندىن قايتۇرۇۋېتەلەمدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا ساقلىق، بايلىق، ئۇتۇق ۋە ئوڭۇشلۇققا ئوخشاش بىرەر رەھمەت ئاتا قىلماقچى بولسا، ئۇ مەبۇدلىرىڭلار ئۇ رەھمەتنى مەندىن توسۇپ قالالامدۇ، ئۇ رەھمەتنىڭ ماڭا يېتىپ كېلىشىگە توسالغۇ بولالامدۇ؟». ئۇلار بۇ سوئاللىرىڭغا «ياق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمايدۇ؛ ئۇلار بىرەر پايدا يەتكۈزۈشكە ياكى بىرەر زىياننى قايتۇرۇۋېتىشكە قادىر ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا، ئۇلارغا نېمىشقا چوقۇنىسىلەر، يا بىرەر نەرسە يارىتالمايدىغان ياكى بىرەر پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ئاجىز، ھەتتا جانسىز نەرسىلەرگە نېمىشقا چوقۇنۇسىلەر؟! بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئاللاھ يېتەرلىك مەبۇد، يېتەرلىك ھامىي ۋە يېتەرلىك مەدەتكاردۇر؛ مەن ئاللاھقا چوقۇنىمەن، ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، شۇڭلاشقا مەن سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. خالىغانلار ماڭا ئوخشاش ئەنە شۇ ئاللاھقا چوقۇنسۇن، ئاللاھقا تايانسۇن ۋە ئۆزلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن». دەرۋەقە تارىخ بويىچە ئۆتكەن مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىدە شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاللاھقا يالۋۇرىدۇ، ئازادىچىلىككە ئېرىشكەن چاغلىرىدا ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنىدۇ، دۇئا قىلىدۇ. ئۇلاردىن بۇ قىلمىشلىرىنىڭ زىت ئىكەنلىكى سورالسا ئاتا - بوۋىلىرىغا ئەگىشىپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، پات يېقىندا بىلىسىلەر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، مەنمۇ قىلىمەن. يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر: — ئەنەس ئالىم

    (39-40) ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! مادامىكى سىلەر مەن دەۋەت قىلغان يولغا كەلمەيسىلەر، ئۇنداقتا ئۆز يولۇڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار؛ شېرىك كەلتۈرۈشنى، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. مەنمۇ ئۆز يولۇمدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرىمەن؛ ئاللاھقا چوقۇنۇشنى ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمەن. سىلەر يېقىندا رەسۋا قىلىدىغان ئازابقا ۋە مۇقىم ئازابقا كىمنىڭ دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. (39-سۈرە زۇمەر، 40-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُقِيمٌ
    ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەسۋا قىلىدىغان ئازاب بېشىغا كېلىدىغان ۋە مۇقىم ئازاب ئۈستىگە چۈشىدىغانلارنى». — ئەنەس ئالىم

  41. إِنَّا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ لِلنَّاسِ بِالْحَقِّ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
    شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن) — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ۋەكىل ئەمەسسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پادىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ۋەكىل ئەمەس. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلىشىڭ ئۈچۈن ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالەتتە تۈزۈپ نازىل قىلدۇق. بىزنىڭ قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلىشىمىز ۋە سېنىڭ قۇرئاننى يەتكۈزۈشىڭ بىلەن ئۇلارغا بىزدىن ھەقىقەت يېتىپ كەلگەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كىم ئۇ ھەقنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا قارىتا ياشىسا پايدىسى ئۆزىگە بولىدۇ، كىم ئازغۇنلۇقىنى داۋاملاشتۇرسا زىيىنىنى ئۆزى تارتىدۇ. سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئۇلارنى ئىمانغا زورلاش ئەمەس، ئەكسىچە ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر، ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. اللَّهُ يَتَوَفَّى الْأَنْفُسَ حِينَ مَوْتِهَا وَالَّتِي لَمْ تَمُتْ فِي مَنَامِهَا ۖ فَيُمْسِكُ الَّتِي قَضَىٰ عَلَيْهَا الْمَوْتَ وَيُرْسِلُ الْأُخْرَىٰ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
    ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنىمۇ ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۆلگەن چېغىدا، ئۆلمىگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مەخلۇقاتنىڭ روھلىرىنى، ئۇلار ئۆلگەن ۋە ئۇخلىغان چاغلاردا ئالىدۇ. ئاللاھ ئۇ روھلارنى ئالغاندىن كېيىن، ئەجىلى توشقان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى قىيامەتكە قەدەر ئۆز بەدەنلىرىگە ئەۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆزى بەلگىلىگەن جايدا ساقلايدۇ. ئەمما ئەجىلى توشمىغان روھلارنى بولسا ئۆز بەدەنلىرىگە ئەۋەتىدۇ ۋە ئۇ بەدەنلەرنى ئويغىتىدۇ، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئەجىلى توشقۇچىلىك مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئاللاھنىڭ خالىغىنىنى قىلىشقا، جۈملىدىن قىيامەت كۈنى مەخلۇقاتنىڭ بەدەنلىرىنى قايتا يارىتىپ ئۇ روھلارنى ئۇلار بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَهُوَ ٱلَّذِي يَتَوَفَّىٰكُم بِٱلَّيۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا جَرَحۡتُم بِٱلنَّهَارِ ثُمَّ يَبۡعَثُكُمۡ فِيهِ لِيُقۡضَىٰٓ أَجَلٞ مُّسَمّٗىۖ ثُمَّ إِلَيۡهِ مَرۡجِعُكُمۡ ثُمَّ يُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ ٦٠﴾ «ئاللاھ كېچىسى روھىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن سىلەرنى ئەجىلى توشقۇچە ياشىسۇن دەپ كۈندۈزى روھىڭلارنى ئەۋەتىدۇ ۋە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاخىرى ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە لايىق بولغان يېرىڭلارغا (جەننەتكە ياكى دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىدۇ». دېمەككى، ئۇخلىغان ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن روھى ئويغانغان چېغىدا، ئۆلگەن ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن روھى ئاخىرەتتە بەدەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ جانلانغاندا بىرلىشىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ: ﴿وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ ٧﴾ «روھلار بىلەن بەدەنلەر بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا». ئىنسان - بەدەن، جان ۋە روھنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان مەخلۇقتۇر. ئىنسان ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن چاغدا ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئايرىلغان نەرسە روھتۇر. ئۇخلىغان ئىنساننىڭ بەدىنى جانلىق (ھايات) بولىدۇ، ئۆلگەن ئىنساننىڭ بەدىنى جانسىز (ئۆلۈك) بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن تەرىپى بەدىنىدۇر. روھ ئۇخلىمايدۇ ۋە ئۆلمەيدۇ، ئەكسىچە روھ بەدەن ئۆلگەندە قىيامەتكە قەدەر، ئۇخلىغاندا ۋاقىتلىق ئۇنىڭدىن ئايرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ شُفَعَاءَ ۚ قُلْ أَوَلَوْ كَانُوا لَا يَمْلِكُونَ شَيْئًا وَلَا يَعْقِلُونَ
    (ئۇلار پىكىر يۈرگۈزمىدى) بەلكى ئاللاھنى قويۇپ، شاپائەتچىلەرنى تۇتتى. ئېيتقىنكى، «ئۇلار (يەنى شاپائەتچى قىلىنغانلار) ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە (ھېچ نەرسىنى) سەزمەيدىغان تۇرسىمۇ (ئۇلارنى شاپائەتچى تۇتامدۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى بولمىسا ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن شاپائەتچىلەرنى قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئۇلار ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە ئەقلىنى ئىشلىتەلمەيدىغان تۇرسىمۇ ئۇلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن غەيرىينى شاپائەتچىلەر قىلىۋالدىمۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇ شاپائەتچىلىرىڭلار ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان ۋە ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان بولسىمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شافائەت قىلىدۇ، ئاللاھقا بىزنى يېقىنلاشتۇرىدۇ» دەپ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇندى، سەن ئۇلارغا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارنى سىلكىشلەش ئۈچۈن ئېيتقىنكى: «ئۇ شافائەتچىلىرىڭلار سىلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمىسىمۇ، سىلەرنىڭ چوقۇنغانلىقىڭلارنى ئاڭقارمىسىمۇ يەنىلا ئۇلارغا چوقۇنامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا ۖ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ)، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاخىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شافائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە ئىگىدارچىلىقىدىدۇر؛ ئاللاھ رۇخسەت بەرمەستىن ھېچكىم شافائەت قىلالمايدۇ، ئاللاھ رازى بولمىغان ھېچكىم شافائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى ھەر ئىشنى ئاللاھ باشقۇرىدۇ، جۈملىدىن شافائەتنىمۇ ئاللاھ باشقۇرىدۇ. سىلەر بۇ دۇنيادا ئەجىلىڭلار توشقاندا ئۆلۈپ كېتىسىلەر، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەردىن بۇ دۇنيادىكى قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. (39-سۈرە زۇمەر، 45-ئايەت) كاپىرلىق تەۋھىد غەپلەت
    وَإِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَحْدَهُ اشْمَأَزَّتْ قُلُوبُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ ۖ وَإِذَا ذُكِرَ الَّذِينَ مِنْ دُونِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
    يالغۇز ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يالغۇز ئاللاھلا تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قاچانىكى يالغۇز ئاللاھلا زىكىر قىلىنسا ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى سىقىلىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلار ئاللاھتىن باشقا زاتلىرىمۇ زىكىر قىلىنسا بىردىنلا سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلارنىڭ يەنە بىر قەبىھلىكى، ئاللاھ يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە ئىبادەتكە لايىق بولۇشتا ئەنە شۇنداق يەككە - يېگانە مەبۇد تۇرۇقلۇق، «يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە رىزىق بېرىش ئاللاھقا ئائىتتۇر، شۇڭلاشقا ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر» دېيىلسە، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ئۇ ئەخمەق مۇشرىكلار ئازابلىنىپ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ، ئىچ پۇشۇقىدىن چىرايلىرى تاتىرىپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى مەدھىيەلەنسە ۋە ئولارغا چوقۇنۇشقا دەۋەت قىلىنسا، ئۇلار بىردىنلا سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، خۇشاللىقتىن يايراپ كېتىدۇ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئۇلارنىڭ ئەكسىچە شېرىكتىن نەپرەت قىلىدۇ، تەۋھىدتىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (45 -) ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ شېرىكنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە تەۋھىدتىن نەپرەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 46 ~ 48 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ بىردىنبىر پادىشاھى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. قُلِ اللَّهُمَّ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ عَالِمَ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ أَنْتَ تَحْكُمُ بَيْنَ عِبَادِكَ فِي مَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ! سەن بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ! بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە سەن ھۆكۈم چىقىرىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئى ئاللاھ! ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى! ئى غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى! سەن بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىسەن». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! تەرسا مۇشرىكلار ئەنە شۇنداق ئەخمەق ئادەملەردۇر، سەن ئۇلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈپ ۋە ئادا - جۇدالىق ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىزگە ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېگىن: «ئى ئاللاھ! ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقۇچى ئىگەم! ئى بىز - بەندىلەر ئۈچۈن غەيىب ۋە ئاشكارا ھېسابلىنىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئوخشاشلا بىلىپ تۇرىدىغان مەبۇدۇم! بەندىلىرىڭ دۇنيادا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە توغرىسىدا سەن قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيسەن، مېنى توغرا يول ئۈستىدە ئاداققىچە مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلغىن، مېنى بۇ مۇشرىكلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىن، مەن بىلەن بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى ئادالىتىڭ بىلەن ئايرىغىن؛ ھەقنى ھاكىم قىلغىن، باتىلنى مەغلۇپ قىلغىن، ماڭا نۇسرەت ۋە زەپەر ئاتا قىلغىن، يا رەب!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. وَلَوْ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ مِنْ سُوءِ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَبَدَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مَا لَمْ يَكُونُوا يَحْتَسِبُونَ
    ئەگەر (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇ-نىڭ ھەممىسى-نى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى زالىملارنىڭ بولسا ئىدى، ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ يامان ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلىرىنى ئەلۋەتتە فىديە قىلىپ بېرەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلار ھېچ ئويلىمىغان نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قىيامەت كۈنى بۇ مۇشرىكلار يولۇقىدىغان ئازاب شۇنداق يامان ئازابكى، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئوخشىشى، شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بۇ مۇشرىكلارنىڭ بولسا ئىدى، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۇ ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلىرىنى چوقۇم بېرىشنى تەكلىپ قىلغان بولاتتى؛ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ئەمەس، مۇبادا ئۇ نەرسىلەر ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بولۇپ قىيامەت كۈنى مەھشەرگە يېنىدا بىللە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۆزلىرى ئازاب چېكىشنىڭ ئورنىغا ئۇ نەرسىلەرنى بېرىشنى تەكلىپ قىلغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپى ئەسلا قوبۇل قىلىنمىغان بولاتتى. ئاللاھ دوزاختا ئۇلارنى ئۇلار ھېچ ئويلىمىغان ۋە ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن ئازابلار بىلەن ئازابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى) مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنى (قاتتىق) ئازاب ئورىۋالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان يامان ئىشىلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلغان نەرسىلەر ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئۇ كۈنى ئۆز قىلمىشىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئاشكارا كۆرىدۇ، ئېنىق بىلىدۇ، ئۇلار بۇ دۇنيادا «قېنى ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟ بىزنى تەھدىت قىلغان ئازابنىڭ ۋاقتى قاچان؟...» دەپ ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازابقا دۇچار بولىدۇ؛ ئۇ ئازابنىڭ ئىچىدە قېلىپ قاتتىق قىينىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 46 ~ 48 - ئايەتلەردە شېرىكتىن سۆيۈنۈپ تەۋھىدتىن نەپرەت قىلىدىغان ئەخمەق مۇشرىكلارغا، قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ، ئىلمىنىڭ چەكسىز ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ بىردىنبىر پادىشاھى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ. 49 ~ 52 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ باشقا بىر قەبىھلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. فَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلْنَاهُ نِعْمَةً مِنَّا قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ ۚ بَلْ هِيَ فِتْنَةٌ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن، ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن كەلدى» دەيدۇ. ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر سىناقتۇر لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانغا بىرەر زىيان يەتسە بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىمىزدىن نېمەت ئاتا قىلساق «مەن بۇنىڭغا ئۆز بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سىناقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلىپ شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىگەن ئىنسانلار شۇنداق تۇراقسىز ۋە ئارامسىز ئادەملەركى، ئۇلار كېسەللىك، ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئوخشاش بىرەر زىيان - زەخمەتكە يولۇقسا، بىزگە يېلىنىپ - يالۋۇرىدۇ ۋە نىجاتلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن بىز ئىلتىپات قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇسىبىتىنى كۆتۈرۈۋەتسەك، شۇنداقلا ئۇلارغا نېمەت ئاتا قىلساق، مەسىلەن: ئۇلارنىڭ كېسىلىنى ساقلىققا، زىيىنىنى پايدىغا، ئوڭۇشسىزلىقىنى ئوڭۇشلۇققا ئۆزگەرتىپ بەرسەك، ئۇلار شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا: «مەن بۇ ياخشىلىققا ئىشنىڭ يولىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ئېرىشتىم؛ ئوبدان داۋالانغانلىقىم ئۈچۈن ساقايدىم، كاللام ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن زىياننى پايدىغا ئايلاندۇردۇم، تەدبىر ئالغانلىقىم ئۈچۈن قۇتۇلدۇم...» دەپ كۆرەڭلەيدۇ. ئەمەلىيەت ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك ئەمەس، ئۇ ئېرىشكەن بۇ ياخشىلىقنى ئەسلىدە ئاللاھ ئۇنى سىناش ئۈچۈن بەردى، ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بىرەر نېمەتكە ئېرىشىشلىرىنىڭ ۋە مۇسىبەتكە يولۇقۇشلىرىنىڭ ئەسلىدە ئىلاھىي سىناق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئويلىمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ كۆپچىلىك نېمەتكە ئېرىشسە شۈكۈر قىلمايدۇ، مۇسىبەتكە يولۇقسا ئىبرەت ئالمايدۇ. ئەسكەرتىش: ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىئارام ۋە تۇراقسىز ئەمەس، ئەكسىچە پاراۋانلىقتىمۇ قىيىنچىلىقتىمۇ ھېچ تېڭىرقىماستىن ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان، توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭىدىغان ئىنسانلارمۇ بار. ئۇلار نېمەتكە ئېرىشسە شۈكۈر قىلىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇقسا سەۋر قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر ئىككى ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھقا بولغان ئىشەنچى، ھەمدۇساناسى ۋە ئىبادىتى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. قَدْ قَالَهَا الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇنداق سۆزنى ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ قولغان كەلتۈرگەنلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. — ئەنەس ئالىم

    (50-51) بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرىكى مۇشرىكلارمۇ نېمەتكە ئېرىشكەن چاغلىرىدا مۇشۇنداق ناشايان سۆزلەرنى قىلغان ئىدى. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنىڭ ساقلىقى، بايلىقى ۋە ھوشيارلىقى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى؛ ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىغا يولۇقۇپ دۇنيادا رەسۋايىئالەم بولدى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەسلىي جازاسىنى چېكىدۇ. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ ئىچىدىن شېرىك كەلتۈرۈشتە ۋە ئاسىيلىق قىلىشتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىمۇ يېقىندا باشلىرىغا بالا بولىدۇ. بۇلارمۇ ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ؛ بۇلار ناۋادا تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىسە بۇ دۇنيادا ئۆتمۈشتىكى ئۇ مۇشرىكلار يولۇققان جازانىڭ ئوخشىشىغا يولۇقىدۇ، ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلىنىپ ئەسلىي جازاسىنى مەڭگۈ چېكىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا قارۇنمۇ قۇتۇلالمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (39-سۈرە زۇمەر، 51-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئادالەتسىزلىك
    فَأَصَابَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا ۚ وَالَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ هَٰؤُلَاءِ سَيُصِيبُهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَمَا هُمْ بِمُعْجِزِينَ
    ئۇلار (دۇنيادا) قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ يامانلىرىنىڭ جازاسى كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغانلارمۇ قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، ئۇلار ئازابىمىزدىن قۇتۇلالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى باشلىرىغا بالا بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن زۇلۇم قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىمۇ يېقىندا باشلىرىغا بالا بولىدۇ. بۇلارمۇ ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  52. أَوَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ (سىناش يۈزىسىدىن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدىغانلىقىنى، خالىغان كىشىگە تار قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار نېمەتكە ئېرىشكەن چاغلىرىدا: «مەن ئۆز قابىلىيىتىم ۋە تىرىشچانلىقىم بىلەن ئېرىشتىم» دەپ ئاشۇنداق ناشايان سۆزلەرنى قىلامدۇ؟! ئۇلار ئاللاھنىڭ، رىزىقنى ئۆزى خالىغان كىشىگە كەڭ، ئۆزى خالىغان كىشىگە تار قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزى خالىغان كىشىنى باي ئۆزى خالىغان كىشىنى گاداي، ئۆزى خالىغان كىشىنى ساق، ئۆزى خالىغان كىشىنى كېسەل، ئۆزى خالىغان كىشىنى ئەزىز، ئۆزى خالىغان كىشىنى خار قىلىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟! ئىمان كەلتۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئىنسانلارنىڭ ئەنە شۇ ئەھۋاللىرىغا قارىغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ ۋە ھېكمىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئۇلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا 49 ~ 52 - ئايەتلەردە، ھەتتا ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئايەتلەردىن باشلاپ ئۇ ئايەتلەرگىچە مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، 53 ~ 59 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ رەھمىتى كەڭ، ئىلتىپاتى بۈيۈك ۋە مەغپىرىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ پۈتكۈل بەندىلىرىنى، جۈملىدىن ئۇ مۇشرىكلارنى پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزىتىشكە، شۇنداقلا رەھمىتىگە لايىق بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
    (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئى گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنىڭ جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (53-59) ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى: ئاللاھ تەۋبە - ئىستىغپار قىلساڭلار بارلىق گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە سىلەرگە ئىلتىپات قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارغا مەغپىرىتى كۆپ، مەرھەمىتى كەڭ يېگانە مەبۇدتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن جازا ئەۋەتىشتىن بۇرۇن، ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى تۈزىتىش بىلەن ئىگەڭلار - ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇڭلار. ناۋادا تەۋبىنى كېچىكتۈرۈپ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىسەڭلار مۆھلەت توشقاندا ئاللاھ سىلەرنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ، ئۇ چاغدا ھېچكىم سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ ۋە سىلەرگە ياردەم قىلالمايدۇ، نەتىجىدە سىلەر ھالاك بولۇپ كېتىسىلەر. مەسىلەن: ئۆز ۋاقتىدا فىرئەۋن غەرق بولۇۋېتىپ ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە قارشى چىقىپ ھالاك قىلىنغان قەۋملەرمۇ ئازابنى كۆرگەندە ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە كېيىنكى پۇشايمىنى پايدا بەرمىدى. سىلەرگە تۇيماي قالغان چېغىڭلاردا ئۇشتۇمتۇت ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن، ئىگەڭلار - ئاللاھ سىلەرگە نازىل قىلغان ئەڭ چىرايلىق سۆز - قۇرئانغا بويسۇنۇڭلار. ئەكسى تەقدىردە سىلەرگە ئازاب كېلىدۇ، ئۇ چاغدا بەزىلىرىڭلار: ‹ۋاي ئىسىت! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپتىمەن، مەن ئىسلامنى، پەيغەمبەرنى ۋە مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم› دەيدۇ، بەزىلىرىڭلار: ‹ئەگەر ئاللاھ ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولسا ئىدى، مەن چوقۇم يامان يولدىن يېنىپ توغرا يولدا ماڭغانلاردىن بولاتتىم؛ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ياشاپ بۈگۈن بۇ ئازابقا مەھكۇم بولمايتتىم› دەيدۇ، بەزىلىرىڭلار: ‹كاشكى دۇنياغا قايتىپ، پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن بولسامچۇ!› دەيدۇ. ئۇ چاغدا ئاللاھ تەۋبىنى كېچىكتۈرۈپ ئازابنى كۆرگەندە پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان بۇ ئادەملەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ياق، سىلەر دۇنيادىكى چاغدا مەن سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتىم ۋە سىلەرنى ئۇ يولغا دەۋەت قىلدىم؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق ئايەتلىرىم يېتىپ كەلگەن ئىدى، مەن سىلەرگە ئۇلار ئارقىلىق توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئىدىم، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ ئۇ ئايەتلەرگە بويسۇنمىغان، ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىگەن ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئىدىڭلار، ئەمدى بۇ پۇشايمان ۋە ھەسرەت - نادامىتىڭلارنىڭ ھېچبىرى سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ، چۈنكى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدۇڭلار، ھازىر جازا چېكىشىڭلارنىڭ ۋاقتىدۇر›». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. (39-سۈرە زۇمەر، 54-ئايەت) ئاللاھقا ئىتائەت تەۋبە قىلىش
    وَأَنِيبُوا إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَأَسْلِمُوا لَهُ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ
    سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە ئازاب كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشەلمىگىنىڭلاردىن بۇرۇن رەببىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن رەببىڭلارغا يۆنىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇڭلار. سىلەر ئازاب كەلگەندىن كېيىن ھېچ ياردەم كۆرمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

  55. وَاتَّبِعُوا أَحْسَنَ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ الْعَذَابُ بَغْتَةً وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
    سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر تۇيمىغان ھالەتتە سىلەرگە ئازابنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىدىن ئىلگىرى سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ گۈزەل قۇرئانغا ئەگىشىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئەڭ چىرايلىق قۇرئانغا ئەگىشىڭلار[6]. بۇنى ئازاب سىلەرگە تۇيماي قالغان چېغىڭلاردا ئۇشتۇمتۇت كېلىشتىن بۇرۇن قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

  56. أَنْ تَقُولَ نَفْسٌ يَا حَسْرَتَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْتُ فِي جَنْبِ اللَّهِ وَإِنْ كُنْتُ لَمِنَ السَّاخِرِينَ
    ھەر قانداق ئادەم: «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىنىڭ : «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بولمىسا كىشى: ‹ۋاي ئىسىت! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپتىمەن، مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم› دەيدۇ، — ئەنەس ئالىم

  57. أَوْ تَقُولَ لَوْ أَنَّ اللَّهَ هَدَانِي لَكُنْتُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
    ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا (ھىدايەت تېپىپ) ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى «ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئەلۋەتتە تەقۋادارلاردىن بولاتتىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى: ‹ئەگەر ئاللاھ مېنى ھىدايەت قىلسا ئىدى، مەن چوقۇم تەقۋادارلاردىن بولاتتىم› دەيدۇ، — ئەنەس ئالىم

  58. أَوْ تَقُولَ حِينَ تَرَى الْعَذَابَ لَوْ أَنَّ لِي كَرَّةً فَأَكُونَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
    ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن) — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتالىغان بولسام، ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن رەببىگە بويسۇنسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئازابنى كۆرگەن چېغىدا: ‹كاشكى دۇنياغا قايتىپ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلاردىن بولسامچۇ!› دەيدۇ، — ئەنەس ئالىم

  59. بَلَىٰ قَدْ جَاءَتْكَ آيَاتِي فَكَذَّبْتَ بِهَا وَاسْتَكْبَرْتَ وَكُنْتَ مِنَ الْكَافِرِينَ
    دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم (يەنى ھىدايەتكە سەۋەب بولىدىغان قۇرئان) كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلاردىن بولدۇڭ — مۇھەممەد سالىھ

    دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلادىن بولدۇڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: ‹ياق، ئۇنداق ئەمەس! ئۆز ۋاقتىدا ساڭا ئايەتلىرىم كەلدى، لېكىن سەن ئۇلارنى يالغان دېدىڭ، ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭ ۋە تۇزكورلاردىن بولدۇڭ›». — ئەنەس ئالىم

  60. وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ تَرَى الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَى اللَّهِ وُجُوهُهُمْ مُسْوَدَّةٌ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْمُتَكَبِّرِينَ
    قىيامەت كۈنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت كۈنى ئاللاھقا قارشى يالغان ئېيتقانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا بوھتان چاپلىغانلارنى قىيامەت كۈنى يۈزلىرى قارىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن. جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلارغا ئورۇن يوقمۇ! — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ دۇنيادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھقا بالا مەنسۇپ قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام ۋە ئاللاھ ھالال قىلمىغان نەرسىنى ھالال دەپ قاراش، ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىشنى «ئاللاھ بۇيرۇدى»، ئاللاھ توسمىغان ئىشنى «ئاللاھ توستى» دەپ دەۋا قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئاز دېگەندە بىرى بىلەن ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەملەرنى، قىيامەت كۈنى يۈزلىرى قاپقارا ھالەتتە كۆرىسەن. دۇنيادا ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلغان ئۇ كافىرلار چوقۇم دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. وَيُنَجِّي اللَّهُ الَّذِينَ اتَّقَوْا بِمَفَازَتِهِمْ لَا يَمَسُّهُمُ السُّوءُ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
    ئاللاھ (شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ تەقۋادار بولغانلارنى ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن قۇتقۇزىدۇ. ئۇلارغا ھېچ يامانلىق يەتمەيدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئەمما بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىپ ياشىغانلار قىيامەت كۈنى يۈزلىرى نۇر چاچقان، چاقنىغان ۋە خۇشاللىق ئىپادىلىگەن ھالەتتە بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى دوزاختىن ساقلاپ جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە مىسلىسىز خۇشاللىق قاتارلىق ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
    ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە ۋەكىلدۇر، — ئەنەس ئالىم

    (62-63) ئاللاھ ھەر نەرسىنى يوقتىن ياراتقۇچى ۋە ئۇنى ساقلىغۇچى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق ئىشلارنى پىلانلىغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىدۇر؛ كائىناتتىكى ھەر نەرسە بار بولۇشتا ۋە بارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئاللاھقا موھتاجدۇر، ئاللاھ ھېچبىر نەرسىگە ھېچبىر جەھەتتىن موھتاج ئەمەستۇر. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە بويسۇنمىغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى كىشىلەردۇر، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا بەختسىزلىككە، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. لَهُ مَقَالِيدُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار - ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار بارغۇ! ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاچقۇچلىرىنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغانلار ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

  64. قُلْ أَفَغَيْرَ اللَّهِ تَأْمُرُونِّي أَعْبُدُ أَيُّهَا الْجَاهِلُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشىقا بۇيرۇمسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى جاھىللار! سىلەر يەنىلا مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بۇتلىرىغا چوقۇنۇشقا دەۋەت قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى جاھىللار! چوقۇنۇلۇشقا پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى شۇنچە ئاشكارا تۇرۇقلۇق ۋە مەن بۇنى ناھايىتى ئېنىق بىلگەن تۇرۇقلۇق، سىلەر مېنى يەنىلا ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟ بۇ، سىلەرنىڭ جاھىللىقىڭلاردۇر، مېنىڭ سىلەرنىڭ بۇ بۇيرۇقلارنى قوبۇل قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى — مۇھەممەد سالىھ

    ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمەلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: «ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى. — ئەنەس ئالىم

    (65-66) ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەربىرىگە: «ئەگەر ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ ھەممە ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. شۇڭلاشقا سەن ئۇ مۇشرىكلارنىڭ مەزكۇر تەكلىپىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمىغىن، ئەكسىچە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن ئايرىلمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. بَلِ اللَّهَ فَاعْبُدْ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
    ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇڭا سەن يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇڭا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن. — ئەنەس ئالىم

  67. وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّمَاوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. ھالبۇكى، پۈتۈن زېمىن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدىدۇر، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا تۈرۈلگۈچىدۇر[7]. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغان ۋە ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا ئۇلۇغلىمىدى ۋە تونۇمىدى، چۈنكى ئۇلار شۇنچە قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلدى، شۇنداقلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ئاللاھقا قىلىنىشى كېرەك بولغان چوقۇنۇشنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاللاھ شۇنداق ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك زاتكى، قىيامەت كۈنى زېمىن بىر پۈتۈن ھالەتتە ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا تۈرۈلگەن ھالەتتە بولىدۇ. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر؛ ئاللاھ بالىسى، ئوخشىشى، شېرىكى ۋە تەڭدىشى بولۇشتىن پاكتۇر. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەت ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە لايىق چاڭگىلى ۋە قولى بار. شۇنىڭدەك، ئۆزىگە لايىق ئەرشى بار بولۇپ، ئاللاھ ئۆز ئەرشىگە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە يۈكسەلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (39-سۈرە زۇمەر، 68-ئايەت) تىرىلىش سۇر چىلىنىشى
    وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَصَعِقَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ ۖ ثُمَّ نُفِخَ فِيهِ أُخْرَىٰ فَإِذَا هُمْ قِيَامٌ يَنْظُرُونَ
    سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ -نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا- قاراپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىلەر مۇستەسنا. ئاندىن كېيىن سۇر يەنە بىر قېتىم چېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا قارايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ سۇر چېلىشقا (مەخسۇس بۇرغىنى پۈۋلەپ ئۇنىڭدىن دەھشەتلىك ئاۋاز چىقىرىشقا) مۇئەككەل قىلغان پەرىشتە (ئىسرافىل)نى، دۇنيانىڭ ئەجىلى توشۇپ قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە سۇر چېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ پەرىشتە دەرھال سۇر چالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاغدا ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ھايات بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھوشىدىن كېتىپ ئۆلىدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۇ چاغدا ئۆلمەسلىكىنى خالىغان كىشىلەر ئۆلمەيدۇ. بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنىپ ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاللاھ ئۇ پەرىشتىنى يەنە بۇيرۇيدۇ، ئۇ پەرىشتە سۇرنى قايتا چالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈكلەر قايتا تىرىلىپ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئەتراپقا قارايدۇ. «ئاللاھ ئۇ چاغدا ئۆلمەسلىكىنى خالىغان كىشىلەر»نىڭ كىملىكى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە بىرەر مەلۇمات يوق، تەپسىر كىتابلىرىدا ئۇلارنىڭ «مۇئەييەن پەرىشتىلەر، جەننەتنىڭ خادىملىرى، شېھىتلەر، روھلار» بولۇش ئېھتىماللىرى زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. وَأَشْرَقَتِ الْأَرْضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ الْكِتَابُ وَجِيءَ بِالنَّبِيِّينَ وَالشُّهَدَاءِ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
    مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مەھشەرگاھ رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىن رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ. كىتابلار قويۇلىدۇ. نەبىيلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    مەزكۇر پەرىشتە ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن سۇرنى بىرىنچى قېتىم چالغاندىن كېيىن ۋە ئىككىنچى قېتىم چېلىشتىن ئىلگىرى، ئاللاھ ئاسمان - زېمىننى قايتا يارىتىپ بولغان بولىدۇ، سۇرنىڭ ئىككىنچى قېتىم چېلىنىشى بىلەن قايتا تىرىلگەن خالايىق كۆزلىرىنى بۇ يېڭى دۇنياغا ئاچىدۇ، ئۇ چاغدا ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئاشكارا بولىدۇ، زېمىن ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، ئاندىن ھېساب - كىتاب باشلىنىدۇ؛ ھەر كىشىگە دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان قىلمىشلىرى يېزىلغان بىر كىتاب بېرىلىدۇ، پەيغەمبەرلەر كەلتۈرۈلۈپ ئۇلاردىن قەۋملىرىنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغانلىقى ۋە قەۋملىرىنىڭ دەۋەتكە قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى سورىلىدۇ، دۇنيادا بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىشكە ۋە يېزىپ تۇرۇشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتىلەر كەلتۈرۈلۈپ گۇۋاھچىلىققا تارتىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ھېچكىمگە قىلچە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ، قىلىنغان بىرەر ياخشىلىق مۇكاپاتسىز، بىرەر يامانلىق جازاسىز قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَا يَفْعَلُونَ
    ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر كىشىگە ئۆز ئەمىلىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈنى ھەر كىشىگە ئۆز ئەمىلىنىڭ مۇكاپاتى ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ؛ ياخشى ئىش قىلغانلارغا مۇكاپاتى، يامان ئىش قىلغانلارغا جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلاردىنمۇ ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ ياخىشلارغا بەرگەن مۇكاپاتى، يامانلارغا بەرگەن جازاسى ھەر ئىككى پىرقىنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ بەدىلىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. وَسِيقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ جَهَنَّمَ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوهَا فُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَتْلُونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِ رَبِّكُمْ وَيُنْذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَلَٰكِنْ حَقَّتْ كَلِمَةُ الْعَذَابِ عَلَى الْكَافِرِينَ
    كاپىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق - پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان-، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار گۇرۇھ - گۇرۇھ ھالەتتە جەھەننەمگە ھەيدىلىدۇ. ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىۋەنلىرى ئۇلارغا: «ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. كافىرلار: «شۇنداق، ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى! لېكىن ئازاب سۆزى كافىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    كافىرلار قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىققاندىن كېيىن گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ، ھەر گۇرۇھ دۇنيادىكى ئۆز يولباشچىسى بىلەن مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇلۇپ ھېساب ئېلىنىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارنى يەنە گۇرۇھ - گۇرۇھ ھالەتتە، خۇددى چاڭقىغان پادىنى سۇنىڭ لىۋىگە ھەيدەپ ماڭغاندەك دوزاخقا ھەيدەپ ماڭىدۇ. ئۇلار دوزاخقا يېتىپ كەلگەندە دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلارغا كايىپ: «سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن، رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى يەتكۈزىدىغان ۋە سۆز - ھەرىكىتى بىلەن چۈشەندۈرىدىغان، سىلەرنى بۇ كۈندە قايتا تىرىلىپ قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقىڭلاردىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ كافىرلار ئۇ پەرىشتىلەرگە ئۆز گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ: «شۇنداق، ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماي كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولدۇق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. (39-سۈرە زۇمەر، 72-ئايەت) دوزاخ ئازابى كىبىر كاپىرلىق
    قِيلَ ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
    (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار! سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر. مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلارنى دوزاخنىڭ ئالدىدا قارشىلاپ ئۇلارغا كايىغاندىن كېيىن ئۇلارغا: «دوزاخنىڭ ئىشىكلىرىدىن ئىچكىرىسىگە كىرىڭلار! سىلەر دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قېلىپ تۈرلۈك ئازابلارنى چېكىسىلەر . دۇنيادىكى چېغىدا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرالغۇسى بولغان بۇ دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. وَسِيقَ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ إِلَى الْجَنَّةِ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوهَا وَفُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا سَلَامٌ عَلَيْكُمْ طِبْتُمْ فَادْخُلُوهَا خَالِدِينَ
    پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ ـ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ ـ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر نېمىدېگەن ياخشى كىشىسىلەر؟ جەننەتكە مەڭگۇ قالغۇچىلار بولۇپ كىرىڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلار گۇرۇھ - گۇرۇھ ھالەتتە جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەندە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتنىڭ دەرۋازىۋەنلىرى ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! خۇش كەلدىڭلار! قېنى جەننەتكە مەرھەمەت! بۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىپ ياشىغان بەندىلەر قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ ۋە مەسئۇل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ دۇنيادىكى يولباشچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خۇددى ھۆرمەتلىك مېھمانلار سۈپىتىدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ھېساب بەرگەندىن كېيىن يەنە ئۇ پەرىشتىلەر تەرىپىدىن يەنە گۇرۇھلار ھالىتىدە خۇددى ھۆرمەتلىك مېھمانلار سۈپىتىدە جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەندە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە تەبرىكلەپ ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! خۇش كەلدىڭلار! سىلەر دۇنيادا پاك ياشىدىڭلار، بۈگۈن ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭلار، قېنى جەننەتكە مەرھەمەت! بۇ يەردە مەڭگۈ قېلىپ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىسىلەر!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي صَدَقَنَا وَعْدَهُ وَأَوْرَثَنَا الْأَرْضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ الْجَنَّةِ حَيْثُ نَشَاءُ ۖ فَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ
    ئۇلار (جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا) ئېيتىدۇ: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭ زېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەجرى (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى!» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار -جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا- ئېيتىدۇ: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭ زېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەجرى نېمىدېگەن ياخشى!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغان ۋە بىزنى بۇ يەرگە ۋارىس قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. جەننەتتە خالىغان يېرىمىزگە ئورۇنلىشالايمىز. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئەسنادا ئۇ تەقۋادارلار: «بىزگە دۇنيادا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغان ۋە بۈگۈن بىزنى بۇ جەننەتكە ئىگە قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن؛ دۇنيادا بىزنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغان ۋە بۈگۈن بىزنى جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلىغان ئىگىمىز - ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۈكرى! ئەمدى بىز بۇ جەننەتتە خالىغان يېرىمىزگە ئورۇنلىشىپ نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىمىز. دۇنيادا پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىپ ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى بۇ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. وَتَرَى الْمَلَائِكَةَ حَافِّينَ مِنْ حَوْلِ الْعَرْشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَقِيلَ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ (مۆمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ)، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەرىشتىلەرنىڭ رەببىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    پەرىشتىلەرنى ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرۇۋاتقان ۋە رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن[8]. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ۋە «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ چاغدا پەرىشتىلەرنى ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرۇۋاتقان، رەببىگە ھەمدۇسانا ۋە تەسبىھ ئېيتىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن؛ ئۇلار بەندىلەرنىڭ ھېساب - كىتابى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ، «سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇ كۈنى بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، نەتىجىدە ئىلاھىي ئادالەت تولۇق نامايان بولىدۇ، بۇ چاغدا كائىنات: «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى