فۇسسىلەت سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 54 ئايەتمەنىسى: مۇپەسسەل بايانات. ئاتىلىش سەۋەبى: قۇدرىتى ئىلاھىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
ھامىم — مۇھەممەد سالىھ
ھامىيم — تەرجىمە ھەيئىتى
ھا، مىم. — ئەنەس ئالىم
ھا، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تَنْزِيلٌ مِنَ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
(بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھىيدۇر) — مۇھەممەد سالىھ
بۇ قۇرئان، ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بىر كىتابتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان، — ئەنەس ئالىم
(2-4) ئى ئىنسانلار! بۇ قۇرئان، بەندىلىرىگە چەكسىز مەرھەمەت قىلغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇئمىنلارغا ئارتۇق ئىنئام ئاتا قىلغۇچى بولغان ئاللاھ، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە تەپسىلىي بايان قىلىپ، قوبۇل قىلغانلارغا بەخت - سائادەتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدىغان، ئىنكار قىلغانلارغا يامان ئاقىۋەتنىڭ شۇم خەۋىرىنى بېرىدىغان ئالاھىدىلىكتە نازىل قىلغان كىتابتۇر. قۇرئان ئەنە شۇنداق كىتاب تۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى، شۇڭلاشقا ئۇلار قۇرئانغا قۇلاق سالمايدۇ؛ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنمايدۇ، نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ، قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئالمايدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ، بارلىق بەندىلىرىگە بولغان مەرھەمىتىنىڭ بىر ئىپادىسى بولغانلىقى ۋە مۇئمىن بەندىلىرىگە بولغان بۈيۈك ئىنئامى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆزىنىڭ «رەھمان» ۋە «رەھىم»لىك سۈپەتلىرى بىلەن نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مۇئمىنلارغا ئاتا قىلىنغان ئىلاھىي رەھمەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ رەھمىتىنى قوبۇل قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ باشقا رەھمەتلىرىگە ئېرىشىدۇ. 2) قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئايەتلىرى پۇختىلىقتا، گۈزەللىكتە، توغرا يولنى كۆرسىتىشتە ۋە مۆجىزىلىكتە بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان، بىر - بىرىنى تەپسىر قىلىدىغان ھالەتتە نازىل قىلغان. بۇنى، ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ مەزمۇنىنى بىلىشكە تىرىشىدىغان ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشكە ئىنتىلىدىغان كىشىلەر تونۇپ يېتىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە نازىل قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا 12 - سۈرە (يۇسۇف)نىڭ 2 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. 3) قۇرئان كەرىم ياخشىلارغا بەخت - سائادەتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگۈچىدۇر، يامانلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. بەزى ئايەتلەردە بۇ ئىككى سۈپەت بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ سۈپەتلىنىدۇ. دېمەككى، ئەسلىدە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئايەتلەرنى ئىنسانلارغا يەتكۈزىدۇ. 4) ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى، ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھ بەرگەن تاللاش ئىختىيارى بىلەن يامان يولنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رۇبۇبىيىتىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇھىيىتىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ كۆپچىلىك قۇرئان كەرىمدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۇلارنى شېرىكتىن ۋە زۇلۇمدىن توسىدۇ، تەۋھىدكە ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ. شېرىك ۋە زۇلۇمدىن قول يىغىپ تەۋھىد بىلەن ئادالەتنى قوبۇل قىلىش ئىنسانلارنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتى، نەپسى خاھىشى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىگە توسالغۇ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كِتَابٌ فُصِّلَتْ آيَاتُهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئايەتلىرى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر، — ئەنەس ئالىم
-
بَشِيرًا وَنَذِيرًا فَأَعْرَضَ أَكْثَرُهُمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
(مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-مۇئمىنلارغا جەننەت بىلەن- خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، -كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن- ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار قۇلاق سالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالُوا قُلُوبُنَا فِي أَكِنَّةٍ مِمَّا تَدْعُونَا إِلَيْهِ وَفِي آذَانِنَا وَقْرٌ وَمِنْ بَيْنِنَا وَبَيْنِكَ حِجَابٌ فَاعْمَلْ إِنَّنَا عَامِلُونَ
ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول، بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بولايلى)» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار : «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىگە قەلبلىرىمىز يېپىق، قۇلاقلىرىمىز گاستۇر. سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنمۇ ئىشىڭنى قىلغىن، بىزمۇ ئىشىمىزنى قىلايلى!». — ئەنەس ئالىم
قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەن كافىرلار تەرسالىقتا ھەددىدىن ئېشىپ ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! دىللىرىمىزدا سەن بىزنى دەۋەت قىلغان تەۋھىدنى ۋە ئادالەتنى چۈشىنىشكە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر بار، قۇلاقلىرىمىزدا سۆزۈڭنى ئاڭلاشقا توسالغۇ بولىدىغان ئېغىرلىق بار، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئالاقىلىشىشىمىزنى ۋە ئەينى نۇقتىدا ئۇچرىشىشىمىزنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە بار. ئۇنداقتا، سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بويىچە ئىش قىلغىن، بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بويىچە ئىش قىلايلى!». دەرۋەقە ئۇلارنىڭ تەرسالىقتا ۋە تەقلىدچىلىكتە ھەددىدىن ئېشىشى، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى، گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمۈشى قاتارلىق يامانلىقلىرى، دىللىرىنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن ۋە قۇلاقلىرىنى ھەقىقەتنى ئاڭلاشتىن قاچىدىغان، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلغۇچىدىن قاچۇرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. دېمەككى، ئاللاھ تائالا ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى خالىغانلارنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَاسْتَقِيمُوا إِلَيْهِ وَاسْتَغْفِرُوهُ ۗ وَوَيْلٌ لِلْمُشْرِكِينَ
سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا، «ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر» دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!»، مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار». مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم
(6-7) ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىر ئىنسانمەن، سىلەر بىلەن ئارامدىكى پەرق ماڭا ئاللاھتىن ۋەھىي نازىل قىلىنىشىدۇر؛ ئاللاھ مېنى ئىچىڭلاردىن ئەلچىلىككە تاللاپ سىلەرنىڭ چوقۇنۇشۇڭلارغا پەقەت ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى، بۇتلارنىڭ چوقۇنۇشۇڭلارغا لايىق ئەمەسلىكىنى ۋە بۇنى سىلەرگە يەتكۈزۈشۈمنى ۋەھىي قىلماقتىدۇر. ئۇنداقتا، شېرىك كەلتۈرۈشتىن يېنىپ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار ۋە ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار، گۇناھلىرىڭلارغا تەۋبە - ئىستىغپار قىلىپ ئاللاھتىن ئەپۇ تىلەڭلار. ئاللاھنىڭ شۇنچە نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇپ، ھېچقانداق پايدا - زىيانغا ئىگە بولالمايدىغان بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن، ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلمايدىغان، خۇسۇسەن زاكاتنى بەرمەيدىغان ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ئۇلار يېقىندا كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھىيلىرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنىڭ تەۋھىدكە بۇيرۇش، شېرىكتىن چەكلەشتە خۇلاسىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان ۋەھيىلىرىنىڭمۇ تەۋھىدكە بۇيرۇش ۋە شېرىكتىن توسۇشتا خۇلاسىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بىر ئايەتتە ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋراتتا «مەندىن غەيرىينى مەبۇد، تايانچۇق ۋە ھامىي قىلىۋالماڭلار» دېگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ، تەۋرات ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكام، نەسىھەت ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنىڭ، تەۋھىدكە بۇيرۇش ۋە شېرىكتىن چەكلەشتە خۇلاسىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى تەۋھىدكە بۇيرۇش، شېرىكتىن توسۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، ئۇلارنىڭ دەۋىتى ئىنسانلارنى ئاللاھقا تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىشقا (ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرىشتا مەركەزلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ لَا يُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار زاكاتنى بەرمەيدىغان ۋە ئاخىرەتنى قىلغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا پۈتمەس - تۈگىمەس ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، كۆرسىتىلگەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا چوقۇم ئۈزلۈكسىز مۇكاپات بار؛ ئۇلار ئاخىرەتتە پۈتمەس - تۈگىمەس نېمەتلەرگە، توختاپ قالمايدىغان ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 8 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكى، قۇرئان كەرىمگە بويسۇنغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى، بويسۇنمىغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ. 9 ~ 12 - ئايەتلەردە بولسا، قۇرئان كەرىمگە بويسۇنمىغانلارغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(41-سۈرە فۇسسىلەت، 9-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى شېرىك ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى رېتورىكىلىق سوئاللارقُلْ أَئِنَّكُمْ لَتَكْفُرُونَ بِالَّذِي خَلَقَ الْأَرْضَ فِي يَوْمَيْنِ وَتَجْعَلُونَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ ذَٰلِكَ رَبُّ الْعَالَمِينَ
(سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان زاتقا تۇزكورلۇق قىلامسىلەر؟ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش كۆرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا مۇنۇ سۆزلەرنى قىلىپ ئۇلارنى ئەيىبلىگىن: «سىلەر، ئۆزۈڭلار ئۈستىدە ياشاۋاتقان بۇ زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ تەڭداشلىرى بار دەپ قاراپ ئاللاھقا قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىبادەتنى ئۆزۈڭلار تەسەۋۋۇر قىلغان ئۇ خىيالىي تەڭداشلارغا قىلامسىلەر؟ سىلەر بۇنى قانداقمۇ قىلىسىلەر؟! ئەنە شۇ زېمىننى يوقتىن ياراتقان ئاللاھ باشقا پۈتكۈل مەخلۇقاتنىمۇ يوقتىن ياراتقان، باشقۇرۇۋاتقان ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يېگانە مەبۇدتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ مِنْ فَوْقِهَا وَبَارَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَا أَقْوَاتَهَا فِي أَرْبَعَةِ أَيَّامٍ سَوَاءً لِلسَّائِلِينَ
ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم ـ زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۆت كۈندە تاماملىدى، بۇ سورىغۇچىلار ئۈچۈن بىر جاۋاپتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ، زېمىنغا ئۈستىدىن مۇستەھكەم تاغلار ئورناتتى، ئۇنى بەرىكەتلىك قىلدى[1]، ئۇنىڭدا ئوزۇقلۇقلارنى بەلگىلىدى. بۇلارنى بارەۋەر تۆت كۈندە قىلدى. بۇلارنى ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن قىلدى[2]. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قالايمىقان تەۋرەپ سىلەرنى بىئارام قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم ۋە ئېگىز تاغلارنى قوزۇقلاردەك ئورۇنلاشتۇردى، زېمىننى دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ ۋە خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەر، تۈرلۈك ھايۋانلار، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلار بىلەن بېزىدى، زېمىندا سىلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈشىڭلار ئۈچۈن لازىم بولىدىغان يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە دورا - دەرمان،... قاتارلىق رىزىقلارنىڭ ئۆلچەملىرىنى بەلگىلىدى. بۇلارنى باراۋەر تۆت كۈندە قىلدى. بۇ، سورىغۇچىلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ اسْتَوَىٰ إِلَى السَّمَاءِ وَهِيَ دُخَانٌ فَقَالَ لَهَا وَلِلْأَرْضِ ائْتِيَا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا قَالَتَا أَتَيْنَا طَائِعِينَ
ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇ ئاسماننى -يارىتىشقا- يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى، ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئۇ ئىككىسى: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئاندىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى تۇمان ھالىتىدىكى ئاسماننى يارىتىشقا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئۇ ئىككىسى: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(41-سۈرە فۇسسىلەت، 12-ئايەت) پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ساماۋىي ئالامەتلەرفَقَضَاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ فِي يَوْمَيْنِ وَأَوْحَىٰ فِي كُلِّ سَمَاءٍ أَمْرَهَا ۚ وَزَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَحِفْظًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلارنى ئىككى كۈندە يەتتە ئاسمان قىلىپ ئايرىدى ۋە ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى ۋەھىي قىلدى. بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق. بۇ ئەزىز ۋە بىلىپ تۇرغۇچى زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر». — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئاسمانلارنى ئىككى كۈندە يەتتە ئاسمان قىلىپ ئايرىدى ۋە ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى ۋەھىي قىلدى. زېمىنغا يېقىن ئاسماننى يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر بىلەن زىننەتلىدى ۋە ئۇنى شەيتانلارنىڭ ئاسماندا قىلىنغان سۆزلەرگە قۇلاق سېلىشىدىن يۇلتۇزلار بىلەن ساقلىدى. بۇ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چەكسىز ئىلىم ئىگىسى بولغان ئاللاھ بەلگىلىگەن ئىشلاردۇر». ئەسكەرتىش: بەزى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ، بەزى ئايەتلەردە ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتىكى «تۆت كۈن (أربعة أيام)» ئىپادىسى، زېمىننى ياراتقان ئىككى كۈننى تۆت كۈن قىلىپ تاماملىغان ئىككى كۈن دېگەن بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ يەردە ئۈچ ئايەتتە ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ توپلىمى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىكى ئالتە كۈننى بايان قىلغان بولىدۇ. «باراۋەر (سواء)» ئۇزۇن - قىسقىلىقتا ئوخشاش كۈنلەر دېگەن بولىدۇ. «سورىغۇچىلار ئۈچۈن (للسائلين)» - ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولۇپ ئۇنى ئىزدىگۈچى جانلىقلار دېگەن بولىدۇ ياكى ئاسمان - زېمىننىڭ يارىتىلىش مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن دېمەكتۇر. ئاسمان - زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانى تۆۋەندىكىچە: 1) ئاسمان بىلەن زېمىن دەسلەپتە بىر پۈتۈن ھالەتتە يارىتىلغان، ئىككىسى بىر پارچە گاز توپى ھالىتىدە ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇ توپنى ئايرىدى (پارتلاتتى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ توپ پارچىلىنىپ، بىر تەرەپتە ئاسمان ۋە ئاسمان جىسىملىرى شەكىللەنگەن پارچىلار، يەنە بىر تەرەپتە زېمىن شەكىللەنگەن پارچىلار مەيدانغا كەلدى. 2) ئاندىن زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتتى، يەنە ئىككى كۈندە ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ سىستېما ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بەلگىلىدى. بۇ جەمئىي تۆت كۈن بولدى. 3) ئاندىن ئاسمانغا يۆنەلدى، ئاسمان بۇ ئەسنادا تۇمان (گاز) ھالىتىدە ئىدى. ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار» دېدى. ئۇلار: «ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى. يەنى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسىگە دەرھال بويسۇندى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئاسماننى ئىككى كۈندە يەتتە قەۋەت ئاسمان قىلىپ ئايرىدى، ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى بىلدۈردى ۋە بىرىنچى قەۋەت ئاسماننى چىراغلار (يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر) بىلەن زىننەتلىدى. 4) ئاندىن زېمىننى ئۇزاتتى، يايدى، كېڭەيتتى ۋە تۆشەك سالغاندەك سالدى. بۇ ئايەت بۇ يېيىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا 9 ~ 12 - ئايەتلەردە كافىرلارغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 13 ~ 18 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارغا ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان بەزى قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا تەسەللى بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ أَعْرَضُوا فَقُلْ أَنْذَرْتُكُمْ صَاعِقَةً مِثْلَ صَاعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ
ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار يەنە يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇدنىڭ باشلىرىغا كەلگەن گۈلدۈرمامىغا ئوخشاش گۈلدۈرمامىدىن ئاگاھلاندۇردۇم». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ كافىرلار دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇدنىڭ باشلىرىغا كەلگەن گۈلدۈرمامىدەك ئازابلاردىن ئاگاھلاندۇردۇم؛ ئۇ ئىككى قەۋم ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىشتا ئەزۋەيلىگەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە قارشى چىقىشتا ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئازاب ئەۋەتىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن، سىلەرمۇ ناۋادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانمىساڭلار ۋە مەن دەۋەت قىلغان توغرا يولنى قوبۇل قىلمىساڭلار ئۇلارغا ئوخشاش ھالاك قىلىنىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ جَاءَتْهُمُ الرُّسُلُ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۖ قَالُوا لَوْ شَاءَ رَبُّنَا لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً فَإِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن (يەنى ھەممە تەرەپتىن) پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئالدىلىرىدىن ۋە ئارقىلىرىدىن كېلىپ[3]: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار» دېگەندە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەر چۈشۈرەتتى. بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشكەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئاللاھ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەر كېلىپ، ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە ھەر خىل ئۇسلۇب بىلەن ھەر پۇرسەتتە: «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنماڭلار، پەقەت ئاللاھقىلا چوقۇنۇڭلار» دېگەن. ئۇلار: «بىزنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگىمىز - ئاللاھ بىزنىڭ ئۆزىگە چوقۇنۇشىمىزنى خالىسا ئىدى، بىزگە ئاسماندىن پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈپ ئۇلار ئارقىلىق بىزنى سىلەر ھازىر دەۋەت قىلىۋاتقان تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان بولاتتى. شۇڭلاشقا بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز، تونۇمايمىز، قەتئىي رەت قىلىمىز، چۈنكى سىلەر بىزگە ئوخشاش ئىنسان بولۇپ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولالمايسىلەر» دېيىشكەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَمَّا عَادٌ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَقَالُوا مَنْ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةً ۖ أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَهُمْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۖ وَكَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
ئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاد بولسا زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاد بولسا، زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدى ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم
ئاد قەۋمى بولسا، زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك كۈچلىرىگە ئالدىنىپ: «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟ بىزگە كىمنىڭ كۈچى يېتىدۇ؟» دېدى. ئۇلار مۇشۇنداق ناشايان گەپنى قىلامدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ جازالىشى قاتتىق، خالىغان قەۋمگە ئازاب ئەۋەتىپ ئۇنى ھالاك قىلىۋېتىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي أَيَّامٍ نَحِسَاتٍ لِنُذِيقَهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَخْزَىٰ ۖ وَهُمْ لَا يُنْصَرُونَ
ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا شۇم كۈنلەردە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتتۇق. بۇنى ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن قىلدۇق. ئاخىرەت ئازابى بولسا تېخىمۇ رەسۋا قىلغۇچىدۇر. ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلغۇچى ۋە خورلىغۇچى ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا پالاكەتلىك ھېسابلىنىدىغان كۈنلەردە سوغۇق ۋە ئاۋازلىق قارا بوران ئەۋەتىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلار ئاخىرەتتە دۇچا بولىدىغان ئازاب ئۇلار بۇ دۇنيادا دۇچار بولغان ئازابتىنمۇ بەك رەسۋا قىلغۇچىدۇر، خورلىغۇچىدۇر. ئۇلار ئۇ ئازابقا دۇچار بولغاندا ھېچ ياردەمگە ئېرىشمەيدۇ، مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. ئاد قەۋمى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى «ئەھقاف» دېگەن جايدا (ئوممان بىلەن ھەزرىمەۋت ئارىسىغا جايلاشقان قۇم بارخانلىرى رايونىدا) ياشايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھۇد ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئەسكىرىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچىگە تايىنىپ، جىسمانىي كۈچى، ماددىي مەدەنىيىتى ۋە باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ، ھۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان، ھەتتا ئۇنىڭغا خىلمۇخىل تۆھمەتلەرنى چاپلاپ جەڭ ئېلان قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەرسا مۇستەبىت كاتتىباشلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشكەن، ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلغان ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دەپ، ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىگەن، شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك گۇناھقا پاتقان. شۇنىڭ بىلەن ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارشى ياردەم تىلەپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلغان، ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارغا يەتتە كېچە ۋە سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي قاتتىق بوران ئەۋەتىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيْنَاهُمْ فَاسْتَحَبُّوا الْعَمَىٰ عَلَى الْهُدَىٰ فَأَخَذَتْهُمْ صَاعِقَةُ الْعَذَابِ الْهُونِ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
سەمۇدقا كەلسەك، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، لېكىن ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇقنى ئارتۇق بىلدى. شۇنىڭ بىلەن قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سەمۇدقا كەلسەك، بىز ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. لېكىن ئۇلار كورلۇقنى ھىدايەتتىن ئۈستۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن خورلىغۇچى ئازابنىڭ گۈلدۈرمامىسى باستى. — ئەنەس ئالىم
سەمۇد قەۋمىگە كەلسەك، بىز ئۇلارغا ئەلچىمىز سالىھ ئارقىلىق توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. لېكىن ئۇلار ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى توغرا يولغا كېلىشتىن ئۈستۈن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى ۋە ئەلچىمىزگە قارشى چىقىشتا ھەددىدىن ئېشىشى تۈپەيلىدىن خورلىغۇچى ئازابنى ئەۋەتتۇق - دە، ئازاب ئۆزىنىڭ دەھشىتى بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَنَجَّيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم
بىز، بىزگە ۋە ئەلچىمىز سالىھقا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، بىزگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزدۇق؛ ئەلچىمىز سالىھنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلارنى ئاسىيلارنى باسقان ئازابتىن ساقلاپ نىجاتلىققا ئېرىشتۈردۇق. سەمۇد قەۋمى ھىجاز بىلەن ئىئوردانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ھىجر (مەدائىنى سالىھ، ۋادىلقۇرا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)» دېگەن جايدا ياشايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سالىھ ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغان، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ نەسىھەت قىلغان ۋە يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، ماددىي مەدەنىيىتىگە ۋە باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ، سالىھ ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەن، شۇنداقلا قاتتىق قارشى چىققان، ھەر تۈرلۈك تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەرنى قىلغان، ئۇنىڭدىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان، تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى كۆرسەتسىمۇ ئىشەنمىگەن، ھەتتا مۆجىزە قىلىپ كۆرسىتىلگەن تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۈستىدىن قاتتىق ئاۋاز، ئاستىدىن زىلزىلە ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتكەن، سالىھ ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغان. ئاللاھ تائالا 13 ~ 18 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارغا ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان بەزى قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا تەسەللى بېرىدۇ. 19 ~ 24 - ئايەتلەردە بولسا، مۇشرىكلارنىڭ تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە قىيامەت كۈنى يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ يُحْشَرُ أَعْدَاءُ اللَّهِ إِلَى النَّارِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئالدى ـ ئارقىسى يىغىلىپ بولغىچە توختىتىپ قويۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئالدى - ئارقىسى يىغىلىپ بولغۇچە توختىتىپ قويۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى توپلىنىپ دوزاخقا ھەيدىلىدۇ. ئۇلار ئۇ چاغدا توختىتىلىپ گۇرۇھلارغا ئايرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(19-20) ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە ئاللاھنىڭ، تارىخ بويىچە ئۆتكەن، ھازىر ياشاۋاتقان ۋە قىيامەتكىچە دۇنياغا كېلىدىغان بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قىيامەت كۈندىكى ئەھۋالىنى بايان قىلغىن: ئۇلار ئۇ كۈنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۇئەككەل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن توپلىنىپ دوزاخقا ھەيدىلىدۇ، يولدا ئالدىدىكىلەر توختىتىلىدۇ، ئاخىرىدىكىلەر يېتىپ كەلگەندە ئۇلار گۇرۇھلارغا ئايرىلىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەر ئۇلارنى گۇرۇھ - گۇرۇھ ھالەتتە، خۇددى چاڭقىغان پادىنى سۇنىڭ لېۋىگە ھەيدەپ ماڭغاندەك دوزاخقا ھەيدەپ ماڭىدۇ. ئۇلار دوزاخقا يېتىپ كەلگەندە دوزاخنىڭ ئالدىدا مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن دۇنيادا قانداق گۇناھلارنى قىلىپ دوزاخقا لايىق بولغانلىقىنى سورايدۇ، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىزلىق بىلەن دوزاخقا تاشلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى چاغلىرىدا قىلغان يامان قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
حَتَّىٰ إِذَا مَا جَاءُوهَا شَهِدَ عَلَيْهِمْ سَمْعُهُمْ وَأَبْصَارُهُمْ وَجُلُودُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار دوزاخقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالُوا لِجُلُودِهِمْ لِمَ شَهِدْتُمْ عَلَيْنَا ۖ قَالُوا أَنْطَقَنَا اللَّهُ الَّذِي أَنْطَقَ كُلَّ شَيْءٍ وَهُوَ خَلَقَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار تېرىلىرىگە: «نېمىشقا زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ. تېرىلىرى: «بىزنى، ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ سۆزلەتتى» دەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپكى قېتىمدا ياراتتى. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار تېرىلىرىگە كايىپ: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ تېرىلىرى زۇۋانغا كېلىپ: «بىزنى، ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ سۆزلەتتى، ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپكى قېتىمدا ياراتتى، ئاندىن ئۆلتۈرۈپ بىر مۇددەتتىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردى ۋە ھازىر ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ سىلەردىن قىلمشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالماقتا ۋە تېگىشلىك جازايىڭلارنى بەرمەكتىدۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كُنْتُمْ تَسْتَتِرُونَ أَنْ يَشْهَدَ عَلَيْكُمْ سَمْعُكُمْ وَلَا أَبْصَارُكُمْ وَلَا جُلُودُكُمْ وَلَٰكِنْ ظَنَنْتُمْ أَنَّ اللَّهَ لَا يَعْلَمُ كَثِيرًا مِمَّا تَعْمَلُونَ
سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ، كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى، ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار)، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر -دۇنيادىكى چېغىڭلاردا- قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر گۇناھ قىلغان چېغىڭلاردا قۇلاقلىرىڭلارنىڭ، كۆزلىرىڭلارنىڭ ۋە تېرىلىرىڭلارنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار. لېكىن سىلەر: «ئاللاھ قىلمىشىمىزنىڭ تولىسىنى بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار. — ئەنەس ئالىم
(22-23) (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «ئى بەندىلەر! سىلەر گۇناھ قىلغان چېغىڭلاردا، قۇلاقلىرىڭلارنىڭ، كۆزلىرىڭلارنىڭ ۋە تېرىلىرىڭلارنىڭ قىيامەت كۈنى زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھنى ئۇلاردىن يوشۇرۇپ قىلمىغان ئىدىڭلار؛ سىلەر گۇناھ قىلغاندا بۇ ئەزالىرىڭلار سىلەرگە گۇۋاھ ئىدى. ئەسلىدە سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا: ‹ئاللاھ قىلمىشىمىزنىڭ تولىسىنى بىلمەيدۇ› دەپ گۇمان قىلدىڭلار، سىلەرنى بۈگۈن ئۇ گۇمانىڭلار ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَذَٰلِكُمْ ظَنُّكُمُ الَّذِي ظَنَنْتُمْ بِرَبِّكُمْ أَرْدَاكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ قەبىھ گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
مانا بۇ، سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا قىلغان گۇمانىڭلاردۇر. سىلەرنى ئۇ ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
فَإِنْ يَصْبِرُوا فَالنَّارُ مَثْوًى لَهُمْ ۖ وَإِنْ يَسْتَعْتِبُوا فَمَا هُمْ مِنَ الْمُعْتَبِينَ
ئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا، (چىدامچانلىقنىڭ پايدىسى يوق) دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھتىن) رازىلىق تىلىسە، ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار ئازابقا چىدىسا، دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھتىن رازىلىق تەلەپ قىلماقچى بولسا، ئۇلار ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئەگەر سەۋر قىلسا دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر. ئەگەر ئۆزرە ئېيتسا ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئاخىرەتتە ئازابقا چىدىسۇن چىدىمىسۇن پەرقى يوق، چۈنكى دوزاخ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك جايىدۇر. ئۇلار ئەگەر ئاللاھنىڭ رازى بولۇشىنى تىلىسە تىلىكى قوبۇل بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا رۇخسەتمۇ بېرىلمەيدۇ، ئۆزرە ئېيتىشلىرى تەلەپمۇ قىلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ دوزاختىن چىقىپ دۇنياغا قايتۇرۇلۇش ۋە دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغاندىن كېيىن ئاخىرەتكە قايتا كەلتۈرۈلۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا 19 ~ 24 - ئايەتلەردە مۇشرىكلار تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە قىيامەت كۈنى يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 25 ~ 29 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقۇشىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ، ئۇلارنى قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَاءَ فَزَيَّنُوا لَهُمْ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
ئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار، شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىز -شەيتانلاردىن- دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دوستلىرى ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان گۇناھكار شەقى ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز دۇنيادا ئۇلارغا بىر قىسىم يېقىنلارنى ھەمراھ قىلدۇق. ئۇ يېقىنلىرى ئۇلارغا ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى[4]. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇرۇن ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى. چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە قىلمىشلىرى بىلەن قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىشقا لايىق بولغان ئۇ دۈشمەنلىرىمىزگە دۇنيادا ئىنسان ۋە جىن شەيتانلىرىنى ھەمراھ قىلدۇق. ئۇ شەيتانلار ئۇلارغا دۇنيا ئىشلىرىدا نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشنى ۋە ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى ئەلا بىلىشنى، ئاخىرەت ئىشلىرىدا ئىنكار قىلىش، سەل قاراش ۋە خۇراپىي چۈشەنچىلەر بىلەن ئىش قىلىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى؛ ئۇلار ئۇ شەيتانلارغا ئالدىنىپ كەيپ - ساپاغا بېرىلدى، گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمدى ۋە ئاخىرەت ھاياتىنى ئۇنتۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئازغۇن ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا يولنى تاللاش بىلەن زىيان تارتقۇچىلار بولدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ بىر كىشىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىپ قويۇشى، شۇ كىشىنىڭ شەيتاننى دوست تۇتۇشى ۋە شەيتانغا ئەگىشىپ كۇفرىلىق قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ مەسىلىنى بىرقانچە ئايەتتە بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە: ﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ إِذَا مَسَّهُمۡ طَٰٓئِفٞ مِّنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ تَذَكَّرُواْ فَإِذَا هُم مُّبۡصِرُونَ ٢٠١ وَإِخۡوَٰنُهُمۡ يَمُدُّونَهُمۡ فِي ٱلۡغَيِّ ثُمَّ لَا يُقۡصِرُونَ ٢٠٢﴾ «تەقۋادار كىشىلەر ئۆزلىرىگە شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە تەگسە، ھوشىنى يىغىدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ. شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىغا كەلسەك، شەيتانلار ئازغۇنلۇقتا ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلار گۇناھ قىلىشتا بوشىشىپ قالمايدۇ». ﴿إِنَّهُۥ لَيۡسَ لَهُۥ سُلۡطَٰنٌ عَلَى ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ ٩٩ إِنَّمَا سُلۡطَٰنُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَوَلَّوۡنَهُۥ وَٱلَّذِينَ هُم بِهِۦ مُشۡرِكُونَ ١٠٠﴾ «شەيتاننىڭ كۈچى ئىمان ئېيتقان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ. شەيتاننىڭ كۈچى، پەقەت شەيتاننى دوست تۇتىدىغان كىشىلەر بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىلەرگىلا يېتىدۇ». دېمەككى، ئاللاھقا تايانغان مۇئمىنلارغا شەيتاننىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. شەيتاننىڭ كۈچى پەقەت ئۆزىنى (شەيتاننى) دوست تۇتقان ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تاشلاپ ئۆزىگە (شەيتانغا) ئىتائەت قىلغان يېقىنلىرىغىلا يېتىدۇ. ﴿أَلَمۡ تَرَ أَنَّآ أَرۡسَلۡنَا ٱلشَّيَٰطِينَ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ تَؤُزُّهُمۡ أَزّٗا ٨٣﴾ «كۆرمىدىڭمۇ؟ بىز كافىرلارغا شەيتانلارنى ئەۋەتتۇق. شەيتانلار ئۇلارنى قىزىقتۇرىدۇ». دۇنيادا شەيتاننىڭ دوستلىرى بولۇپ ياشايدىغان، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم بولىدىغان ئۇ كافىرلارنىڭ ئالامىتى شۇكى: ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ئويلايدۇ ۋە شۇنداق دەۋا قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت تۆۋەندىكىچە: ﴿فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيۡهِمُ ٱلضَّلَٰلَةُۚ إِنَّهُمُ ٱتَّخَذُواْ ٱلشَّيَٰطِينَ أَوۡلِيَآءَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُم مُّهۡتَدُونَ ٣٠﴾ «ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىغا ئازغۇنلۇقتا قېلىش تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيلىرى قىلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ». ﴿قُلۡ هَلۡ نُنَبِّئُكُم بِٱلۡأَخۡسَرِينَ أَعۡمَٰلًا ١٠٣ ٱلَّذِينَ ضَلَّ سَعۡيُهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُمۡ يَحۡسَبُونَ أَنَّهُمۡ يُحۡسِنُونَ صُنۡعًا ١٠٤﴾ «ئېيتقىنكى: سىلەرگە ئەمەللىرىدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتىپ كەتكۈچىلەرنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا تىرىشچانلىقلىرى يوققا چىققان، لېكىن ئۆزلىرىنى ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدىغان كىشىلەردۇر». ﴿وَمَن يَعۡشُ عَن ذِكۡرِ ٱلرَّحۡمَٰنِ نُقَيِّضۡ لَهُۥ شَيۡطَٰنٗا فَهُوَ لَهُۥ قَرِينٞ ٣٦ وَإِنَّهُمۡ لَيَصُدُّونَهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُم مُّهۡتَدُونَ ٣٧﴾ «كىم چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ زىكرىدىن (ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا بىر شەيتان ھەمراھ قىلىپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ يېقىنى بولىدۇ. شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَسْمَعُوا لِهَٰذَا الْقُرْآنِ وَالْغَوْا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَغْلِبُونَ
كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار بىر -بىرىگە: «شۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئوقۇلۇۋاتقاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىڭلار، بېسىقتۇرالىشىڭلار مۇمكىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
كافىرلار بىر - بىرىگە، بولۇپمۇ كاتتىباشلىرى تۆۋەن تەبىقىدىلىرىگە: «شۇ قۇرئان ئوقۇلغاندا، يەتكۈزۈلگەندە ۋە چۈشەندۈرۈلگەندە ئۇنىڭغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئاڭلىماڭلار، تىڭشىماڭلار، ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىپ، قۇرئاننى ئوقۇغان، يەتكۈزگەن، چۈشەندۈرگەن ۋە ئاڭلىغان كىشىلەرگە توسالغۇ بولۇڭلار، قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ توسقۇنلۇق قىلىڭلار، بىھۇدە گەپلەر بىلەن كاشىلا قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار بېسىقتۇرالىشىڭلار، مۇسۇلمانلارنى قۇرئاندىن ۋاز كەچۈرۈرەلىشىڭلار، شۇنداقلا مۇھەممەدنىڭ دىنىنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىپ ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈكتە ساقلاپ قالالىشىڭلار مۇمكىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَنُذِيقَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا عَذَابًا شَدِيدًا وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
بىز كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
بىز كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز كافىرلارغا قاتتىق ئازاب تېتىتىمىز ۋە ئەڭ يامان ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئۇلۇغلۇقىم بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، بىز ئۇ سۆزنى قىلغان كافىرلارغا قاتتىق ئازاب تېتىتىمىز ۋە يامان ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى بېرىمىز؛ ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى بىكار قىلىۋېتىمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق گۇناھلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلاپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن قاتتىق قىينايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ جَزَاءُ أَعْدَاءِ اللَّهِ النَّارُ ۖ لَهُمْ فِيهَا دَارُ الْخُلْدِ ۖ جَزَاءً بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا) شۇنداق جازا بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا شۇنداق جازا بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جازاسىدۇر. ئۇ دوزاخ ئوتىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ مەڭگۈ تۇرىدىغان يۇرتى بار. ئۇلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ قاتتىق ئازاب ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ جازاسىدۇر. ئۇ جازا دوزاخ ئوتى بولۇپ ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ؛ دوزاخ ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك يۇرتى بولىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرەتتە بۇ ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا رَبَّنَا أَرِنَا اللَّذَيْنِ أَضَلَّانَا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ نَجْعَلْهُمَا تَحْتَ أَقْدَامِنَا لِيَكُونَا مِنَ الْأَسْفَلِينَ
كاپىرلار: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، (ئۇلارنىڭ) ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار: «رەببىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار: «رەببىمىز! بىزنى ئازدۇرغان جىن ۋە ئىنسانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن. ئۇلارنى دەسسەپ چەيلىۋېتەيلى، ئەڭ خارلاردىن بولسۇن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
كافىرلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئازاب چېكىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى بىزنى دۇنيادا يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان، ئەجىلىمىز توشقاندا ئۆلتۈرۈپ بۈگۈن قايتا تىرىلدۈرگەن ۋە ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالغاندىن كېيىن ئۆز ئادالىتى بىلەن بۇ ئازابقا مەھكۇم قىلغان ئىگىمىز - ئاللاھ! دۇنيادىكى چېغىمىزدا بىزنى ئازدۇرۇپ سېنىڭ يولۇڭدىن توسقان جىن ۋە ئىنسان شەيتانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن. ئۇلارنى دەسسەپ ئىنتىقام ئالايلى، دۇنيادا ئۇلار بىزدىن ئۈستۈن تۇراتتى ۋە بىزگە چوڭچىلىق قىلغان ئىدى، ئەمدى بىز ئۇلارنى دەسسەپ خارلايلى ۋە ئاستىمىزدا تۇرغۇزايلى، ئۇلار بىزنىڭ ئاستىمىزدا تۇرۇپ ئەڭ ئېغىر ئازابنى چەكسۇن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، قايغۇرماڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار. — ئەنەس ئالىم
(30-32) ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، شۇنداقلا بۇ ئىمانىنى توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىش بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن كىشىلەر جەڭ مەيدانلىرىدا بىرەر قورقۇنچقا دۇچ كەلگەن، ھاياتىدا بىرەر خەتەرگە يولۇققان، سەكراتقا چۈشكەن ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىققاندىن كېيىن جەننەتكە بارغۇچىلىك قىيامەتنىڭ ھەر سەھنىدە تۇرغۇزۇلغان چاغلىرىدا پەرىشتىلەر چۈشۈپ، ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «كېلەچىكىڭلار ئۈچۈن قورقماڭلار، ئۆتمۈشىڭلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەتكە كىرىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار. بىز دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. جەننەتتە كۆڭلۈڭلار تارتقان ھەر نەرسىگە ئېرىشىسىلەر ۋە پۈتۈن ئارزۇ - ئارمانلىرىڭلارغا يېتىسىلەر. بۇلار تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنى ئەپۇ قىلغان ۋە ئالاھىدە ئىنئام ئاتا قىلىدىغان ئاللاھنىڭ كۈتۈشىدۇر!». ئەسكەرتىش: پەرىشتىلەرنىڭ مۇئمىنلار دۇنيادىكى چاغلىرىدا چۈشۈپ ئۇلارغا مەزكۇر خۇش خەۋەرلەرنى ئېيتىشى ئىلھام بىلەن، سەكراتتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېغىزچە سۆزلەش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 30 ~ 32 - ئايەتلەردە ئۆز دوستلىرىنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىر سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. 33 ~ 36 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇنىڭ باشقا بىر سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنى ياخشى يولغا دەۋەت قىلىشتۇر. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
نَحْنُ أَوْلِيَاؤُكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنْفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز. ئۇ يەردە كۆڭلۈڭلار تارتقان ھەر نەرسىگە ئېرىشىسىلەر. ئۇ يەردە يەنە پۈتۈن ئارزۇيۇڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
نُزُلًا مِنْ غَفُورٍ رَحِيمٍ
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇلار ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ، مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھنىڭ كۈتۈشىدۇر!». — ئەنەس ئالىم
-
وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِمَّنْ دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ
ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئىش قىلغان ۋە: «مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن ئادەمدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئۆزى لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىش بىلەن بىرگە، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرغان، يامان ئىشتىن ساقلىنىپ ياخشى ئىش قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي مەيدانىنى ئېلان قىلىپ: «مەن ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنغۇچىلاردىنمەن؛ مەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىمەن، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىر ئەزاسىمەن، دىنىم ئىسلام، مەن مۇسۇلمان، مەن مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ بىر نەپىرىمەن» دېگەن ئادەمنىڭ سۆزى ئەڭ ياخشى سۆزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ۚ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ
ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ياخشىلىق يامانلىق بىلەن باراۋەر بولمايدۇ، يامانلىقمۇ ياخشىلىق بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. مەسىلەن: ئىمان ئىنكار بىلەن، تەۋھىد شېرىك بىلەن، تەقۋالىق پاسىقلىق بىلەن ۋە ئادالەت زۇلۇم بىلەن باراۋەر بولمايدۇ؛ ئۇلار ماھىيەت، تەسىر ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، بىراۋغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى، شەكلى، تەسىرى ۋە نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا سەن بىراۋنىڭ يامانلىقىغا ياخشىلىق بىلەن قارشىلىق بەرگىن، ئۇ بىراۋ دۈشمىنىڭ بولغان تەقدىردە بۇ ياخشىلىقىڭ بىلەن ئۇ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ؛ قوپاللىقا سىلىقلىق، سېسىق گەپكە چىرايلىق گەپ ۋە نادانلىققا ئالىيجانابلىق بىلەن جاۋاب بېرىش دۈشمەننى دوستقا، رەقىبنى رەپىقكە ۋە ياتنى يارەنگە ئايلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ؛ يامانلىققا ئوخشاش يامانلىق بىلەن جازا بېرىش ئادالەتتۇر، لېكىن يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش پەزىلەتتۇر، بۇ پەزىلەت سەۋرچانلىق ئەخلاقىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ خىسلىتى بولۇپ، بۇ خىسلەتكە ئىگە بولغانلار دۇنيادا ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، ياخشى ئەخلاقنىڭ ئومۇملىشىشى، دۈشمەننىڭ دوستقا ئايلىنىشى، ئىسلامىي قېرىنداشلىق ئېڭىنىڭ يېيىلىشى... قاتارلىق ياخشى ئىشلارغا سەۋەبچى بولىدۇ، ئاخىرەتتە بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بۇ خىسلەت، قىيامەت كۈنى جەننەت بىلەن مۇكاپالىنىدىغان ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇيرۇغان ياخشى ئىشلارنىڭ قاتارىدىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. دېمەككى، ئىسلام تەنتەككە تەمكىن، نادانغا دانا، يامانغا ياخشى، ئوسالغا ئوبدان ۋە بىئەدەپكە ئەدەپلىك بولۇشقا، شۇنداقلا دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرۇشقا تەرغىب قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ -يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە- كۈشكۈرتسە دەرھال ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنغىن. چۈنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسان! يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش يولىنى تۇتقىن، يامانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن. قوپال مۇئامىلە قىلغانلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلغىن، خاتالىق قىلغانلارغا ئەپۇچان بولغىن، ئۇلارنىڭ قۇسۇر ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالغىن. ئەگەر شەيتان سېنى ئۇلارغا ئاچچىقلاشقا، قوپال مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇلارنى جازالاشقا ۋە ئۇلار بىلەن تەڭ بولۇشقا كۈشكۈرتسە، دەرھال ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلىگىن، چۈنكى ئاللاھ سېنىڭ تىلىكىڭنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، نىيەت ۋە ھەرىكىتىڭنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا سېنى يامانلىقتىن ساقلاپ ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: مۇسۇلماننىڭ ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىسى بار: 1) ئۆزى لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى پاكلاش، شۇنداقلا كامالەتكە يۈتكۈزۈش، 30 ~ 32 - ئايەتلەر مۇسۇلماننىڭ بۇ ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدۇ. 2) باشقىلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلىشى ۋە كامالەتكە يەتكۈزۈشىگە ۋاسىتە بولۇش. 33 ~ 36 - ئايەتلەر مۇسۇلماننىڭ بۇ ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بۇ ئىككى ۋەزىپىنى بىردەك ئورۇندىمىغان ئىنساننىڭ زىيان ئىچىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ بۇ ئىككى ۋەزىپە ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىككىنچى ۋەزىپىنى ئادا قىلىش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىكنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇ ئىككى ۋەزىپە ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالا 33 ~ 36 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىشنىڭ ۋە ياخشى ئىش قىلىشنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىش شەرتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 37 ~ 39 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە ھېكمىتىنىڭ بەزى دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئۆز يولىنىڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، ئۇ يولغا كىرمىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(41-سۈرە فۇسسىلەت، 37-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ساماۋىي ئالامەتلەروَمِنْ آيَاتِهِ اللَّيْلُ وَالنَّهَارُ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ ۚ لَا تَسْجُدُوا لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَاسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَهُنَّ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار — مۇھەممەد سالىھ
كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
كېچە، كۈندۈز، قۇياش ۋە ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۇڭا قۇياشقىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار. ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئالمىشىپ تۇرۇشى ۋە بىرىنىڭ قىسقىرىپ يەنە بىرنىڭ ئۇزىراپ تۇرۇشى، قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئۆز ئوربىتىلىرىدا ناھايىتى ئىنچىكە ئىنتىزام بىلەن ئايلىنىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز ۋە رەھمىتى كەڭ، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر. ئى ئىنسانلار! شۇڭلاشقا سىلەر قۇياشقىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار. ئەكسىچە ئۇ ئىككى مەخلۇقاتنى ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا ئۇلارنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ شېرىك بىلەن قىلىنغان ئىبادەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى ئەپۇ قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنِ اسْتَكْبَرُوا فَالَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْأَمُونَ ۩
ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلسا، بىلسۇنكى، رەببىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار چوڭچىلىق قىلسا، رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر كېچە - كۈندۈز ھېچ زېرىكمەستىن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر مۇشرىكلار چوڭچىلىق قىلىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتسا قايغۇرمىغىن، مەيۈسلەنمەستىن دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويۇۋەتكىن، چۈنكى سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ پاكلىقىنى كېچە - كۈندۈز تىللىرىغا جارى قىلىپ تۇرماقتىدۇر، ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىپ تۇرماقتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىشقا ئالدىرىماقتىدۇر، ئۇلار ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا ھېچ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، زېرىكىپ قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(41-سۈرە فۇسسىلەت، 39-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي دەلىللەر زېمىن ۋە تاغلار سۇ ۋە يامغۇروَمِنْ آيَاتِهِ أَنَّكَ تَرَى الْأَرْضَ خَاشِعَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ ۚ إِنَّ الَّذِي أَحْيَاهَا لَمُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۚ إِنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
(بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
يەنە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن. بىز ئۇنىڭغا سۇنى چۈشۈرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ. ئەنە شۇ زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنىمۇ ئەلۋەتتە تىرىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
قاغجىراپ كەتكەن ھالەتتىكى يەرنىڭ سۇ چۈشۈشى بىلەن جانلىنىشى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ كۆركەملىشىشى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز ۋە رەھمىتى كەڭ، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر، چۈنكى ئۆلۈك ھالەتتىكى زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈك ھالەتتىكى خالايىقنىمۇ تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا 30 ~ 36 - ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ئىككى شەرتىنى بايان قىلىدۇ، 37 ~ 39 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمىتىنىڭ بەزى دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ. 40 ~ 46 - ئايەتلەردە بولسا. ئۇ دەلىللەرنى توغرا چۈشەنمىگەن ۋە ئۇ شەرتلەرنى ئۆگىتىش ئۈچۈن نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئايەتلەرگە بويسۇنغانلار بىلەن بويسۇنمىغانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي آيَاتِنَا لَا يَخْفَوْنَ عَلَيْنَا ۗ أَفَمَنْ يُلْقَىٰ فِي النَّارِ خَيْرٌ أَمْ مَنْ يَأْتِي آمِنًا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ اعْمَلُوا مَا شِئْتُمْ ۖ إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەر بىزگە مەخپىي قالمايدۇ. قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان كىشى ياخشىمۇ ياكى خاتىرجەم ھالدا كېلىدىغان كىشى ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بىزنىڭ ياراتقان ئايەتلىمىزنى ۋە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى توغرا چۈشەنمىگەن ۋە ئۇلار كۆرسەتكەن يولغا كىرمىگەن ئادەملەر بىزگە مەخپىي قالمايدۇ؛ ياراتقان ئايەتلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ياراتقانلىقىنى دەۋا قىلغان، ئۇلارغا قاراپ قۇدرىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ، ھېكىمىتىمىزنىڭ چوڭقۇر، ئىلمىمىزنىڭ چەڭسىز ۋە رەھمىتىمىزنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىردىنبىر مەبۇد ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتمىگەن ئادەملەرنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. شۇنىڭدەك، نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، بۇرمىلىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئادەملەرنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، ھەر ئىككى پىرقىنى قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلايمىز. ھەر ئىككى تۈرلۈك ئايەتلىرىمىزنى لايىق رەۋىشتە چۈشەنگەن ۋە ئۇلار باشلىغان يولغا كىرىپ ئۇدۇل ماڭغان كىشىلەرنى بولسا، قىيامەتنىڭ قورقۇنچىلىرىدىن ساقلايمىز ۋە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمىز. قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ ھۇزۇرىمىزغا قورققان ھالەتتە كېلىدىغان ۋە دوزاخقا تاشلىنىدىغان كىشى ياخشىمۇ ياكى خاتىرجەم ھالدا كېلىدىغان ۋە جەننەتكە كىرىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ بۇ ئىككى تۈرلۈك ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ھاياتى ۋە ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى ئوخشاش بولامدۇ؟ ياق، ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ، ئى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن ئادەملەر! ئى كافىرلار! ئۇنداقتا، سىلەر خالىغىنىڭلارچە يامان ئىشلارنى قىلىڭلار، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە سىلەرنى جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِالذِّكْرِ لَمَّا جَاءَهُمْ ۖ وَإِنَّهُ لَكِتَابٌ عَزِيزٌ
شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئۆزلىرىگە قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار -قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ-، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
يەنى قۇرئان ئۆزلىرىگە كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ھەقىقەتەن ئەزىز كىتابتۇر، — ئەنەس ئالىم
(41-42) قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ ھېچ تەپەككۇر قىلماستىن ئىنكار قىلغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ؛ يېقىندا ئۇلارنى ئازابلايمىز. قۇرئان ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە ناھايىتى مۇكەممەل كىتاب بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا لەۋزى تەرىپىدىنمۇ، مەنىسى تەرىپىدىنمۇ باتىل يېقىنلىشالمايدۇ؛ ئۇنىڭ ھېچبىر يېرىگە يالغان ئارىلىشالمايدۇ، ئويدۇرما قوشۇلالمايدۇ، ئۇنى ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلىدىغان ۋە بارلىق مەخلۇقاتى مەدھىيەلەپ تۇرىدىغان ئاللاھ پۇختا تۈزۈپ نازىل قىلغان ۋە قوغداشنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يَأْتِيهِ الْبَاطِلُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَلَا مِنْ خَلْفِهِ ۖ تَنْزِيلٌ مِنْ حَكِيمٍ حَمِيدٍ
ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ-قۇرئان-غا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ باتىل كەلمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، كەينىدىنمۇ باتىل يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە مەدھىيەلەنگۈچى زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغـان. — ئەنەس ئالىم
-
مَا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدْ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِنْ قَبْلِكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٍ
ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ساڭا مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئېيتىلىدىغان سۆزلەر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قەۋملىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆزلەردىن باشقىسى ئەمەستۇر، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ساڭا سۆزلەنگەن نەرسىلەر سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرگە سۆزلەنگەن نەرسىلەردىن باشقىسى ئەمەس. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە ئەلەملىك ئازاب ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا نازىل قىلغان ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ دەلىلى قىلغان بۇ قۇرئان ئەنە شۇنداق كىتابتۇر؛ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بارلىق جىنلار ۋە ئىنسانلار بىرلىشىپ ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، بۇ مۇشرىكلارمۇ «ئەگەر شۈبھىلىنىدىغان بولساڭلار ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دېگەن مەنىدىكى تەكلىپىمىز ئالدىدا ئاجىز قالدى؛ ئۇلار قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمىدى ۋە ئەسلا مەيدانغا كەلتۈرلمەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئىمان كەلتۈرۈپ ئۆزلىرىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، تەرسالىق قىلىپ سېنىڭ ھەققىڭدە كەلسە - كەلمەس گەپلەرنى قىلدى؛ تىل - ھاقارەت، مەسخىرە ۋە تۆھمەتلەرنى قىلدى. سەن بىزنىڭ تۇنجى ئەلچىمىز ئەمەسسەن، بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تاللاپ ئۆز قەۋملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، ئۇ قەۋملەر ئۇ ئەلچىلىرىمىزنى مەسخىرە قىلغان، ئەيىبلىگەن ۋە ھاقارەتلىگەن؛ سەن دۇچ كەلگەن قارشىلىق، ھاقارەت ۋە ئەزىيەتلەرگە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ دۇچ كەلگەن، ھەممىسى سەۋر قىلىپ ئاخىرى نۇسرىتىمىزگە ئېرىشكەن. شۇڭلاشقا سەنمۇ بۇ مۇشرىكلارنىڭ قىلغانلىرىغا سەۋر قىلغىن، دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، ئاخىرى سەن غالىب كېلىسەن، دۈشمەنلىرىڭ مەغلۇپ بولىدۇ، شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى: سېنىڭ ئىگەڭ - ئاللاھ مۆھلەت بار چاغدا تەۋبە قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى قاتتىق قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا أَعْجَمِيًّا لَقَالُوا لَوْلَا فُصِّلَتْ آيَاتُهُ ۖ أَأَعْجَمِيٌّ وَعَرَبِيٌّ ۗ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ ۖ وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى ۚ أُولَٰئِكَ يُنَادَوْنَ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ
مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى بىر قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى بىز چۈشىنىدىغان تىلدا روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېغىردۇر، قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇر، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر بىز ئۇنى ئەجەمچە قۇرئان قىلغان بولساق، ئۇلار: «بۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشىنىدىغان تىلدا بايان قىلىنمىدى؟ ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟» دەيتتى. ئېيتقىنكى: «ئۇ، ئىمان ئېيتقانلارغا ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بار. قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇر. ئۇلار خۇددى يىراقتىن چاقىرىلىدۇ»[5]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى ئەجەمچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، بۇ تەرسا مۇشرىكلار ئۇ چاغدا: «بۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشىنىدىغان تىلدا بايان قىلىنمىدى؟ ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟» دېگەن ۋە ئاللىقاچان ئىنكار قىلغان بولاتتى. ئى مۇھەممەد! ئۇ تەرسالارغا ئېيتقىنكى: «بۇ قۇرئان، پەقەت ئۆزىنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگىلا توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى شەك - شۈبھە ۋە جاھالەتتىن قۇتقۇزۇپ ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىغا چىقىرىدۇ. ئىمان كەلتۈرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار قۇرئانغا دىققەت بىلەن قۇلاق سالمايدۇ، ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئانغا قارشى قۇلاق ۋە دىللىرىنى ئېتىۋالغان، مانا بۇنداق ئادەملەر قۇرئاننىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى يىراقتىن چاقىرىلىۋاتقان ئادەملەردەك سېنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭنى ئاڭلىمايدۇ». ئەسكەرتىش: قۇرئان نازىل قىلىنىش ئېتىبارى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلارغا نازىل بولغان بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت مۇئمىنلارغىلا يەنى قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن ساقلىماقچى بولغانلارغىلا ھىدايەتتۇر - دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسەتكۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرگە زىيانلىق بولىدۇ. يەنى قۇرئان، ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنىڭ كۆزلىرىگە كورلۇق، قۇلاقلىرىغا گاسلىق ۋە دىللىرىغا قارىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئايەت مانا بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَاخْتُلِفَ فِيهِ ۗ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ مُرِيبٍ
بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكىچە كېچىكتۈرۈش) ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئاندىن زىيادە شەكتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب –يەنى تەۋرات- نى ئاتا قىلدۇق، لېكىن ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر رەببىڭنىڭ ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئان ھەققىدە شۈبھىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇ كىتاب توغرىسىدىمۇ ئىختىلاپ قىلىندى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. ئۇلار قۇرئان توغرىسىدا قاتتىق شۈبھىلەنمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرى مۇساغىمۇ كىتاب (تەۋرات)نى بەرگەن ئىدۇق، مۇسانىڭ قەۋمى ئۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئەگەر رەببىڭ ئىنكارچىلارنى دەرھال جازالىماسلىق توغرىسىدا ئالدىنئالا ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ئىدى، سەن بىلەن بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ ئاراڭلارنى ئايرىغان بولاتتى؛ ئۇلارنى دەرھال ھالاك قىلغان بولاتتى. ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرى قۇرئاندا بىرەر ئېۋەن تاپقانلىقى ياكى بىرەر نۇقسان كۆرگەنلىكى ۋە ياكى بىرەر كەمچىلىك ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇلار ئويلىمىغانلىقى، تەپەككۇر قىلمىغانلىقى ۋە چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، قاتتىق شۈبھە قىلىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار قۇرئان ھەققىدە «سېھىر، شېئىر، ئويدۇرما» دېگەن پەرقلىق سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنى ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ياخشى ئىش قىلسا، پايدىسى ئۆزىگىدۇر. كىم يامان ئىش قىلسا زىيىنى ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر. — ئەنەس ئالىم
كىمكى بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت ياخشى ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بۇ قىلمىشىنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. كىمكى بۇ دۇنيادا ئاللاھقا كۇفرىلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىبارەت يامان ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بۇ قىلمىشىنىڭ زىيىنىنى ئۆزى كۆرىدۇ. رەببىڭ بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ؛ مۇئمىنلارنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، كافىرلارنى ئۆز ئادالىتى بىلەن جازالايدۇ؛ قىيامەت كۈنى ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرمەيدۇ، ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَيْهِ يُرَدُّ عِلْمُ السَّاعَةِ ۚ وَمَا تَخْرُجُ مِنْ ثَمَرَاتٍ مِنْ أَكْمَامِهَا وَمَا تَحْمِلُ مِنْ أُنْثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلْمِهِ ۚ وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ أَيْنَ شُرَكَائِي قَالُوا آذَنَّاكَ مَا مِنَّا مِنْ شَهِيدٍ
قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ). مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەر) قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئاللاھقا ھاۋالە قىلىنىدۇ. مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا كۆرگەن كىشى يوق» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ[6]. ئاللاھ بىلمەستىن ھېچبىر مېۋە پوستىدىن چىقمايدۇ، ھېچبىر چىشى ھامىلىدار بولمايدۇ ۋە تۇغمايدۇ[7]. ئۇ كۈنى ئاللاھ مۇشرىكلارغا: «سىلەر ماڭا شېرىك قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟» دەپ توۋلايدۇ، ئۇلار: «ساڭا ئوچۇق دەيمىزكى، ئىچىمىزدە شاھىتلىق قىلغۇچى ھېچكىم يوق» دەيدۇ[8]. — ئەنەس ئالىم
قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ مېۋىلەرنىڭ پوستلىرىدىن چىقىشىنى، ھەرقانداق چىشى جىنسنىڭ ھامىلىدار بولۇشىنى ۋە تۇغۇشىنى بىلىدۇ. قىيامەت كۈنى خالايىق قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە ئاللاھ مۇشرىكلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا: «سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟» دەپ توۋلايدۇ، ئۇلار: «ئى ئاللاھ! ئارىمىزدا سېنىڭ شېرىكىڭ بارلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ھېچكىم يوق» دەيدۇ. دېمەككى، ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئېتىراپنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئازابنى كۆرگەندە قىلغان تەۋبە ۋە كەلتۈرگەن ئىمان ھېسابقا ئۆتمەيدۇ، شۇڭلاشقا فىرئەۋننىڭ غەرق بولۇۋېتىپ كەلتۈرگەن ئىمانى قوبۇل بولمىغان، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن قەۋملەرنىڭ ئىلاھىي جازانى كۆرۈپ كەلتۈرگەن ئىمانى قوبۇل بولمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَدْعُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَظَنُّوا مَا لَهُمْ مِنْ مَحِيصٍ
ئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىلگىرى چوقۇنغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغان بولۇپ، ئۇلار قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى ئىلگىرى دۇئا قىلغان مەبۇدلىرى تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار قاچىدىغان يېرى يوقلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلارنىڭ دۇنيادىكى چاغلىرىدا «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، بىزگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شافائەت قىلىدۇ، بىزگە ئېتىبار قازاندۇرىدۇ» دەپ چوقۇنغان، خۇسۇسەن يېلىنىپ - يالۋۇرغان (دۇئا قىلغان) مەبۇدلىرى قىيامەت كۈنى ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ، يېنىدا بولمايدۇ ۋە ياردەم قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقىنى ۋە قاچالمايدىغان قەتئىي شەكىلدە تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يَسْأَمُ الْإِنْسَانُ مِنْ دُعَاءِ الْخَيْرِ وَإِنْ مَسَّهُ الشَّرُّ فَيَئُوسٌ قَنُوطٌ
ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسان ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە دەرھال ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە روھى چۈشۈپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئىنسان بايلىق، ساقلىق، ئىززەت ۋە سەلتەنەتكە ئوخشاش دۇنيالىق نېمەتلەرنى تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشتىن ھارمايدۇ. ئەگەر ئىنسان كېسەللىك، پېقىرلىق، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي زىيانغا ئوخشاش بىرەر يامانلىققا يولۇقسا دەرھال ئۈمىدىنى يوقىتىدۇ ۋە روھى چۈشۈپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش، كېسەلدىن ساقىيىش، قايتا ئېتىبار قازىنىش ئىشەنچى قالمايدۇ. لېكىن مۇئمىن ئىنسان ئۇنداق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ رَحْمَةً مِنَّا مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّي إِنَّ لِي عِنْدَهُ لَلْحُسْنَىٰ ۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِمَا عَمِلُوا وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ سەئيى - ئىجتىھاتىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا قىيامەت بولۇپ مەن رەببىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. لېكىن ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر بىز ئۇنىڭغا، بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ: «مەن بۇنى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن قولغا كەلتۈردۈم. مەن قىيامەتنى قايىم بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە، مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىمەن» دەيدۇ. بىز كافىرلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازابتىن تېتىتىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر بىز ئۆز ئىلتىپاتىمىز بىلەن ئۇ ئىنساننىڭ بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا بىرەر نېمەت ئاتا قىلساق، مەسىلەن: كېسەلدىن ساقايتساق، قايتا بايلىق، سەلتەنەت ۋە ھەر ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت بەرسەك، ئۇ بۇ قېتىم: «بۇ باياشاتلىق، ساقلىق ۋە ئۇتۇق ماڭا تېگىشلىكتۇر، مەن قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى ئويلىمايمەن، بۇ ئىشلارنى ئېھتىمالدىن يىراق كۆرىمەن، قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى: ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ مەن ئۇ كۈنى قايتا تىرىلگەن ۋە رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە، مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىمەن» دەيدۇ. بىز كافىرلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازابتىن تېتىتىمىز. ئەسكەرتىش: كافىرلارنىڭ خاتا كەتكەن يېرى، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتنى مۇشۇ دۇنياغا ئوخشىتىپ چۈشىنىۋېلىشىدۇر؛ بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىگە بىرەر سىناق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە بېرىلگەن مال، مۈلۈك، مەرتىۋە، مەنسەپ ۋە يۈز - ئابرۇي... قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىگە بولغانلىقىغا، ئۆزلىرىنىڭ «زۇۋۇلىسىنىڭ چوڭ ئۈزۈلگەن»لىكى ئۈچۈن ئۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە، ئاخىرەتتىمۇ ئىشلارنىڭ ئوڭدىن كېلىدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە ئالدىنىدۇ ۋە پېقىر - مىسكىن، ئاجىز - ئورۇقلارنىڭ بەختسىز يارىتىلغانلىقىغا، شۇنداقلا نېمەتلەردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى «تەتۈر پېشانە، كاج تەلەي،...» دەپ ئۆزلىرىچە كەمسىتىدۇ. «ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ قالسا، بىز بۇ دۇنيادىكىگە ئوخشاش يەنە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىمىز» دەپ بىلجىرلايدۇ. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئەنە شۇ كافىرلارنىڭ بۇ ئىچكى دۇنياسىنى بايان قىلىدۇ، بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارغا مال - مۈلۈك ۋە مەرتىۋە - مەنسەپ بېرىلىشىنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنْسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ فَذُو دُعَاءٍ عَرِيضٍ
ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانغا بىر نېمەت ئاتا قىلساق رەببىغا شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانغا ئىنئام قىلساق يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە بىزدىن يىراقلىشىدۇ. بېشىغا يامانلىق كەلسە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر بىز ئۇ ئىنسانغا ئۆز ئىلتىپاتىمىز بىلەن بىرەر نېمەت ئاتا قىلساق شۈكۈر قىلمايدۇ، ھەددىدىن ئاشىدۇ ۋە ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلىپ بىزدىن يىراقلىشىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر يامانلىق يەتسە بىزگە ئىلتىجا قىلىپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى (49 ~ 51 -) ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىنسانلارنىڭ نادانلىق، ھاماقەتلىك ۋە ناچار خۇي - مىجەزلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە ئۇ ئىنسانلار شۇنداق بىئارام ئادەملەركى، بىرەر زىيان - زەخمەتكە يولۇقسا، ياتقان، ئولتۇرغان ۋە تۇرغان بارلىق ھالەتلىرىدە ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرىدۇ ۋە نىجاتلىق تىلەپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇسىبىتىنى كۆتۈرۈۋەتسە بېشىغا مۇسىبەت يەتكەنلىكىنى، ئاللاھقا دۇئا قىلغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇ مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىنى تامامەن ئۇنتۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈيدۇ. ھەددىدىن ئاشقان بۇ كىشىلەرگە قىلمىشلىرى مانا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ. لېكىن سەمىمىي مۇئمىنلار ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئازادىچىلىكتە شۈكۈر قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتا سەۋر قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىمان - ئېتىقادىنى ۋە تائەت - ئىبادىتىنى قىلچە ئۆزگەرتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ثُمَّ كَفَرْتُمْ بِهِ مَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ هُوَ فِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا ۋە سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ھەقىقەتەن –ھەقتىن- يىراق بىر ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بولۇپ، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، ھەقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكۈچى بولغان سىلەردىنمۇ ئازغۇن ئادەم بولامدۇ؟». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قۇرئاننى ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلىگەن مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر بۇ قۇرئاننى ئاللاھ نازىل قىلغان بولسا، شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، بۇ تەقدىردە سىلەر ھەقتىن يىراقلىشىپ ئازغۇنلۇققا چۆمگەن، شۇنداقلا ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولغان بولمامسىلەر؟ چۈنكى ئۇ تەقدىردە سىلەردىنمۇ ئازغۇن ھېچكىم بولمايدۇ!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سَنُرِيهِمْ آيَاتِنَا فِي الْآفَاقِ وَفِي أَنْفُسِهِمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ ۗ أَوَلَمْ يَكْفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغىچە، (ئاسمان ـ زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇلارغا تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىمىز، رەببىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز. رەببىڭنىڭ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى كۇپايە قىلمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا قۇرئاننىڭ بىز نازىل قىلغان كىتاب ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا قۇدرىتىمىزنىڭ ۋە بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئەتراپتىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى دەلىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇمىز ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ دەلىللەرگە قاراپ بىزنىڭ بىردىنبىر قۇدرەتلىك ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنى ۋە سېنىڭ بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى تونۇپ يېتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە، جۈملىدىن سېنىڭ راستتىنلا پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھ بولۇشى، ئۇ مۇشرىكلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا كۇپايە قىلمامدۇ؟ ئەلۋەتتە كۇپايە قىلىدۇ! لېكىن ئۇ تەرسالار يەنىلا ئىنكار قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىشىغا پەرۋا قىلمىغىن. ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزى ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشى تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى مۆجىزە ھالىتىدە نازىل قىلىش بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن، چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان ھەر كىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى، قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىدە قىلچە شۈبھە قىلمايدۇ. 2) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نۇسرەت بېرىپ قىسقا مۇددەتتە ئۇنىڭ يولى بولغان ئىسلامنى ھاكىم قىلغان ۋە مۇشرىكلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇلارنىڭ شېرىك تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستتىنلا پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ ناۋادا يالغانچى بولغان بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا نۇسرەت ئاتا قىلمىغان بولاتتى. دەرۋەقە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بارغانسېرى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپەيگەن، ئۆزى ھەيدەپ چىقىرىلغان شەھەر - مەككىنى سەككىز يىلدىن كېيىن فەتھى قىلغان ۋە ئىسلامنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئېلان قىلغان، ئاندىن پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان، ھەتتا ئۇ ھايات چاغدا ئافرىقىنىڭ بەزى رايونلىرىغىمۇ ئىسلام يېتىپ بارغان. پۈتۈن بۇ ئىشلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا يولدا، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا غەلىبە ئاتا قىلغان، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان مۇشرىكلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَا إِنَّهُمْ فِي مِرْيَةٍ مِنْ لِقَاءِ رَبِّهِمْ ۗ أَلَا إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ مُحِيطٌ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن رەببىغا مۇلاقات بولۇش ھەققىدە شۈبھىدىدۇر، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق قورشاپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار رەببىگە مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمەكتىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قۇرئاننى ئىنكار قىلىۋاتقان ۋە ساڭا قارشى چىقىۋاتقان بۇ مۇشرىكلار ئەسلىدە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقى، بىزگە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقى ۋە ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدىغانلىقى قاتارلىق ئىشلاردىن شەك قىلماقتىدۇر، شۇڭلاشقا ئۇلار ھېچ تەپەككۇر قىلماستىن قۇرئاننى ئىنكار قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىقىدۇ. ئاللاھ ئاسمان - زېمىندىكى ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن ئۇلارنى ئۆز قۇدرىتى ۋە ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرماقتىدۇر؛ ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشقا ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئېلىشقا قادىردۇر، ئۇلارنىڭ نىيەت ۋە سۆز - ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى