قەمەر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 55 ئايەت
مەنىسى: ئاي. ئاتىلىش سەۋەبى: باشتىلا «ئاي يىرىلىش ۋەقەسى» زىكىر قىلىنغان
  1. (54-سۈرە قەمەر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانْشَقَّ الْقَمَرُ
    قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى

    قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى

  2. (54-سۈرە قەمەر، 2-ئايەت)
    وَإِنْ يَرَوْا آيَةً يُعْرِضُوا وَيَقُولُوا سِحْرٌ مُسْتَمِرٌّ
    (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ

    ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ

  3. (54-سۈرە قەمەر، 3-ئايەت)
    وَكَذَّبُوا وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ ۚ وَكُلُّ أَمْرٍ مُسْتَقِرٌّ
    ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر

    ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانغا چىقاردى ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ھالبۇكى ھەر ئىش ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇر

  4. (54-سۈرە قەمەر، 4-ئايەت)
    وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مِنَ الْأَنْبَاءِ مَا فِيهِ مُزْدَجَرٌ
    ئۇلارغا ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى

    ئۇلارغا خەۋەرلەردىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا كەلدى

  5. (54-سۈرە قەمەر، 5-ئايەت)
    حِكْمَةٌ بَالِغَةٌ ۖ فَمَا تُغْنِ النُّذُرُ
    مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (ئاللاھ ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ

    بۇ مۇكەممەل بىر ھېكمەتتۇر، لېكىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ

  6. (54-سۈرە قەمەر، 6-ئايەت)
    فَتَوَلَّ عَنْهُمْ ۘ يَوْمَ يَدْعُ الدَّاعِ إِلَىٰ شَيْءٍ نُكُرٍ
    ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى (يەنى ئىسراپىل) قىيىن ئىشقا (يەنى ھېسابقا) چاقىرىدۇ (يەنى سۇر چالىدۇ)

    شۇڭا سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى ناخوش بىر ئىشقا چاقىرىدۇ

  7. (54-سۈرە قەمەر، 7-ئايەت)
    خُشَّعًا أَبْصَارُهُمْ يَخْرُجُونَ مِنَ الْأَجْدَاثِ كَأَنَّهُمْ جَرَادٌ مُنْتَشِرٌ
    ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمىغان ھالدا گويا تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ

    ئۇلار تىكىلىپ قارىيالمىغان ھالدا گويا تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ

  8. (54-سۈرە قەمەر، 8-ئايەت)
    مُهْطِعِينَ إِلَى الدَّاعِ ۖ يَقُولُ الْكَافِرُونَ هَٰذَا يَوْمٌ عَسِرٌ
    ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ

    ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ

  9. (54-سۈرە قەمەر، 9-ئايەت)
    كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ فَكَذَّبُوا عَبْدَنَا وَقَالُوا مَجْنُونٌ وَازْدُجِرَ
    ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى

    ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىز - نۇھ - نى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى «مەجنۇن» دېدى. ئۇ ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى

  10. (54-سۈرە قەمەر، 10-ئايەت)
    فَدَعَا رَبَّهُ أَنِّي مَغْلُوبٌ فَانْتَصِرْ
    ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى

    ئۇ رەببىغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى

  11. (54-سۈرە قەمەر، 11-ئايەت)
    فَفَتَحْنَا أَبْوَابَ السَّمَاءِ بِمَاءٍ مُنْهَمِرٍ
    ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق

    ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق

  12. (54-سۈرە قەمەر، 12-ئايەت)
    وَفَجَّرْنَا الْأَرْضَ عُيُونًا فَالْتَقَى الْمَاءُ عَلَىٰ أَمْرٍ قَدْ قُدِرَ
    زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى

    زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى بەلگىلەنگەن بىر پىرىنسىپ بويىچە بىر ـ بىرىگە قوشۇلدى

  13. (54-سۈرە قەمەر، 13-ئايەت)
    وَحَمَلْنَاهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلْوَاحٍ وَدُسُرٍ
    نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق

    نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق

  14. (54-سۈرە قەمەر، 14-ئايەت)
    تَجْرِي بِأَعْيُنِنَا جَزَاءً لِمَنْ كَانَ كُفِرَ
    كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)

    كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، بۇ ئىنكار قىلىنغان - نۇھ - نى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن

  15. (54-سۈرە قەمەر، 15-ئايەت)
    وَلَقَدْ تَرَكْنَاهَا آيَةً فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    ئۇنى (يەنى توپان بالاسىنى) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    ئۇنى ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  16. (54-سۈرە قەمەر، 16-ئايەت)
    فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟

  17. (54-سۈرە قەمەر، 17-ئايەت)
    وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ۋەز-نەسىىھەت ئېلىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  18. (54-سۈرە قەمەر، 18-ئايەت)
    كَذَّبَتْ عَادٌ فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
    ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

    ئاد قەۋمى -پەيغەمبىرى ھۇدنى- ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟

  19. (54-سۈرە قەمەر، 19-ئايەت)
    إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي يَوْمِ نَحْسٍ مُسْتَمِرٍّ
    شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتتۇق

  20. (54-سۈرە قەمەر، 20-ئايەت)
    تَنْزِعُ النَّاسَ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ مُنْقَعِرٍ
    شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى

    بوران كىشىلەرنى ئورۇنلىرىدىن يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى

  21. (54-سۈرە قەمەر، 21-ئايەت)
    فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟

  22. (54-سۈرە قەمەر، 22-ئايەت)
    وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟


  23. (54-سۈرە قەمەر، 23-ئايەت)
    كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِالنُّذُرِ
    سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى

    سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى ئىنكار قىلدى

  24. (54-سۈرە قەمەر، 24-ئايەت)
    فَقَالُوا أَبَشَرًا مِنَّا وَاحِدًا نَتَّبِعُهُ إِنَّا إِذًا لَفِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز

    ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز

  25. (54-سۈرە قەمەر، 25-ئايەت)
    أَأُلْقِيَ الذِّكْرُ عَلَيْهِ مِنْ بَيْنِنَا بَلْ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٌ
    ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»

    ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھيى نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»

  26. (54-سۈرە قەمەر، 26-ئايەت)
    سَيَعْلَمُونَ غَدًا مَنِ الْكَذَّابُ الْأَشِرُ
    ئۇلار ئەتە (يەنى ئاخىرەتتە) كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

    ئۇلار يېقىندا كىمنىڭ يالغانچى ۋە مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

  27. (54-سۈرە قەمەر، 27-ئايەت)
    إِنَّا مُرْسِلُو النَّاقَةِ فِتْنَةً لَهُمْ فَارْتَقِبْهُمْ وَاصْطَبِرْ
    بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن

    -سالىھقا مۇنداق دېگەنىدۇق-: «بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتكۈچىلەرمىز، ئۇلارنى كۈتكىن ۋە سەۋر قىلغىن

  28. (54-سۈرە قەمەر، 28-ئايەت)
    وَنَبِّئْهُمْ أَنَّ الْمَاءَ قِسْمَةٌ بَيْنَهُمْ ۖ كُلُّ شِرْبٍ مُحْتَضَرٌ
    سۇنىڭ ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنگەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن

    سۇنىڭ ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنگەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن»

  29. (54-سۈرە قەمەر، 29-ئايەت)
    فَنَادَوْا صَاحِبَهُمْ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ
    ئۇلار بۇرادىرىنى (تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى

    ئۇلار بۇرادىرىنى چاقىردى، ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى

  30. (54-سۈرە قەمەر، 30-ئايەت)
    فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بوپتۇ؟

  31. (54-سۈرە قەمەر، 31-ئايەت)
    إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ صَيْحَةً وَاحِدَةً فَكَانُوا كَهَشِيمِ الْمُحْتَظِرِ
    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ (ھالاك قىلىش بىلەن) ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق

  32. (54-سۈرە قەمەر، 32-ئايەت)
    وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ۋەز-نەسىىھەت ئېلىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  33. (54-سۈرە قەمەر، 33-ئايەت)
    كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ بِالنُّذُرِ
    لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا چىنپۈتمىدى

    لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئىنكار قىلدى

  34. (54-سۈرە قەمەر، 34-ئايەت)
    إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ حَاصِبًا إِلَّا آلَ لُوطٍ ۖ نَجَّيْنَاهُمْ بِسَحَرٍ
    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئۈستىگە تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق

  35. (54-سۈرە قەمەر، 35-ئايەت)
    نِعْمَةً مِنْ عِنْدِنَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي مَنْ شَكَرَ
    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    نېمىتىمىز يۈزىسىدىن شۇنداق قىلدۇق! شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

  36. (54-سۈرە قەمەر، 36-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَنْذَرَهُمْ بَطْشَتَنَا فَتَمَارَوْا بِالنُّذُرِ
    شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى

    شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى

  37. (54-سۈرە قەمەر، 37-ئايەت)
    وَلَقَدْ رَاوَدُوهُ عَنْ ضَيْفِهِ فَطَمَسْنَا أَعْيُنَهُمْ فَذُوقُوا عَذَابِي وَنُذُرِ
    ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (يەنى ئادەمزات شەكلىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى) (ئۇلار بىلەن لىۋاتە قىلىش ئۈچۈن) قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا) «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق)

    ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، ئۇلارغا «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» دېدۇق

  38. (54-سۈرە قەمەر، 38-ئايەت)
    وَلَقَدْ صَبَّحَهُمْ بُكْرَةً عَذَابٌ مُسْتَقِرٌّ
    ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي (يەنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا ئۇلىنىپ كېتىدىغان) ئازاب نازىل بولدى

    ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي ئازاب نازىل بولدى

  39. (54-سۈرە قەمەر، 39-ئايەت)
    فَذُوقُوا عَذَابِي وَنُذُرِ
    (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېيىلدى)

    ئۇلارغا : «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» دېيىلدى

  40. (54-سۈرە قەمەر، 40-ئايەت)
    وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ۋەز-نەسىىھەت ئېلىنىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  41. (54-سۈرە قەمەر، 41-ئايەت)
    وَلَقَدْ جَاءَ آلَ فِرْعَوْنَ النُّذُرُ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى

  42. (54-سۈرە قەمەر، 42-ئايەت)
    كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذْنَاهُمْ أَخْذَ عَزِيزٍ مُقْتَدِرٍ
    ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق

    ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى، شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق

  43. (54-سۈرە قەمەر، 43-ئايەت)
    أَكُفَّارُكُمْ خَيْرٌ مِنْ أُولَٰئِكُمْ أَمْ لَكُمْ بَرَاءَةٌ فِي الزُّبُرِ
    (ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار (يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟

    سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئۇلاردىن ئارتۇقمۇ؟ ياكى بولمىسا سىلەر ئۈچۈن كىتابلاردا كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟

  44. (54-سۈرە قەمەر، 44-ئايەت)
    أَمْ يَقُولُونَ نَحْنُ جَمِيعٌ مُنْتَصِرٌ
    ياكى ئۇلار «بىز (مۇھەممەد ئۈستىدىن) غالىب قەۋممىز» دەمدۇ؟

    ياكى ئۇلار :«بىز ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان بىر قەۋممىز» دەمدۇ؟

  45. (54-سۈرە قەمەر، 45-ئايەت)
    سَيُهْزَمُ الْجَمْعُ وَيُوَلُّونَ الدُّبُرَ
    (مۇشرىكلار) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ

    مۇشرىكلار توپى يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ

  46. (54-سۈرە قەمەر، 46-ئايەت)
    بَلِ السَّاعَةُ مَوْعِدُهُمْ وَالسَّاعَةُ أَدْهَىٰ وَأَمَرُّ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر

    بەلكى، قىيامەت ئۇلارغا ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر ۋە تېخىمۇ جاپالىقتۇر

  47. (54-سۈرە قەمەر، 47-ئايەت)
    إِنَّ الْمُجْرِمِينَ فِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
    گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر

    شۈبھىسىزكى گۇناھكارلار گۇمراھلىق ۋە دوزاختىدۇر

  48. (54-سۈرە قەمەر، 48-ئايەت)
    يَوْمَ يُسْحَبُونَ فِي النَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ ذُوقُوا مَسَّ سَقَرَ
    ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)

    ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، ئۇلارغا: «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ

  49. (54-سۈرە قەمەر، 49-ئايەت)
    إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ
    بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق

    بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق

  50. (54-سۈرە قەمەر، 50-ئايەت)
    وَمَا أَمْرُنَا إِلَّا وَاحِدَةٌ كَلَمْحٍ بِالْبَصَرِ
    (بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)

    بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچىلىكتۇر

  51. (54-سۈرە قەمەر، 51-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا أَشْيَاعَكُمْ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    بىز ھەقىقەتەن (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەردىن كۇفرىدا) سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    ھەقىقەتەن بىز سىلەرگە ئوخشاشلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

  52. (54-سۈرە قەمەر، 52-ئايەت)
    وَكُلُّ شَيْءٍ فَعَلُوهُ فِي الزُّبُرِ
    ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى ۋە يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە ـ ئەماللىرىدا مەۋجۇتتۇر

    ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە ـ ئەمال دەفتەرلىرىدىدۇر

  53. (54-سۈرە قەمەر، 53-ئايەت)
    وَكُلُّ صَغِيرٍ وَكَبِيرٍ مُسْتَطَرٌ
    كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەنگەندۇر

    كىچىك ۋە چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى قۇر - قۇر خاتىرىلەنگەندۇر

  54. (54-سۈرە قەمەر، 54-ئايەت)
    إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَنَهَرٍ
    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە ئۆستەڭلەردە

  55. (54-سۈرە قەمەر، 55-ئايەت)
    فِي مَقْعَدِ صِدْقٍ عِنْدَ مَلِيكٍ مُقْتَدِرٍ
    (ئۇلار) قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ