مۇدەسسىر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 56 ئايەت
مەنىسى: كىيىمگە پۈركىنىۋالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
  1. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الْمُدَّثِّرُ
    ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)

    ئى كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى -پەيغەمبەر!

  2. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 2-ئايەت)
    قُمْ فَأَنْذِرْ
    تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر

    تۇر! ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر

  3. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 3-ئايەت)
    وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ
    پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا

    رەببىڭنى ئۇلۇغلا

  4. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 4-ئايەت)
    وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ
    كىيىمىڭنى پاك تۇت

    كىيىمىڭنى پاك تۇت

  5. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 5-ئايەت)
    وَالرُّجْزَ فَاهْجُرْ
    ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول

    ناپاك نەرسىلەردىن يىراق بول

  6. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 6-ئايەت)
    وَلَا تَمْنُنْ تَسْتَكْثِرُ
    كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما)

    قىلغان ياخشىلىقىڭنى كۆپ كۆرۈپ مىننەت قىلما

  7. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 7-ئايەت)
    وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل

    رەببىڭنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەۋر قىل

  8. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 8-ئايەت)
    فَإِذَا نُقِرَ فِي النَّاقُورِ
    سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر

    سۇر چېلىنغان ۋاقىت بارغۇ!

  9. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 9-ئايەت)
    فَذَٰلِكَ يَوْمَئِذٍ يَوْمٌ عَسِيرٌ
    سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر

    ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر

  10. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 10-ئايەت)
    عَلَى الْكَافِرِينَ غَيْرُ يَسِيرٍ
    كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر

    كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر

  11. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 11-ئايەت)
    ذَرْنِي وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا
    (ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت

    مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى ماڭا قويۇۋەت

  12. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 12-ئايەت)
    وَجَعَلْتُ لَهُ مَالًا مَمْدُودًا
    ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم

    ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم

  13. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 13-ئايەت)
    وَبَنِينَ شُهُودًا
    ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم

    ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم

  14. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 14-ئايەت)
    وَمَهَّدْتُ لَهُ تَمْهِيدًا
    ئۇنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردۈم

    ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈردۈم

  15. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 15-ئايەت)
    ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ
    ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ

    ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ

  16. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 16-ئايەت)
    كَلَّا ۖ إِنَّهُ كَانَ لِآيَاتِنَا عَنِيدًا
    ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى

    ياق، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جان جەھلى بىلەن قارشى چىقتى

  17. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 17-ئايەت)
    سَأُرْهِقُهُ صَعُودًا
    ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن

    ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن

  18. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 18-ئايەت)
    إِنَّهُ فَكَّرَ وَقَدَّرَ
    ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى

    ئۇ ئويلاندى ۋە پىلانلىدى

  19. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 19-ئايەت)
    فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
    لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟

    لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى

  20. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 20-ئايەت)
    ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
    يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى

    يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى

  21. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 21-ئايەت)
    ثُمَّ نَظَرَ
    ئاندىن ئۇ قارىدى

    ئاندىن ئۇ قارىدى

  22. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 22-ئايەت)
    ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ
    ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى

    ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى

  23. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 23-ئايەت)
    ثُمَّ أَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ
    ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى

    ئاندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى

  24. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 24-ئايەت)
    فَقَالَ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ
    «بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى

    ئاندىن مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەت ئۆگىنىلگەن بىر سېھىردۇر

  25. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 25-ئايەت)
    إِنْ هَٰذَا إِلَّا قَوْلُ الْبَشَرِ
    «بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى

    بۇ ئىنسان سۆزىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر»

  26. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 26-ئايەت)
    سَأُصْلِيهِ سَقَرَ
    ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن

    ئۇنى مەن سەقەرگە سالىمەن

  27. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 27-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا سَقَرُ
    سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

    سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

  28. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 28-ئايەت)
    لَا تُبْقِي وَلَا تَذَرُ
    ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)

    ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ

  29. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 29-ئايەت)
    لَوَّاحَةٌ لِلْبَشَرِ
    ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ

    ئۇ ئىنسانلارنى بەك كۆيدۈرگۈچىدۇر

  30. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 30-ئايەت)
    عَلَيْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ
    ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر

    ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر

  31. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 31-ئايەت)
    وَمَا جَعَلْنَا أَصْحَابَ النَّارِ إِلَّا مَلَائِكَةً ۙ وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا لِيَسْتَيْقِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَيَزْدَادَ الَّذِينَ آمَنُوا إِيمَانًا ۙ وَلَا يَرْتَابَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْمُؤْمِنُونَ ۙ وَلِيَقُولَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْكَافِرُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ ۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْبَشَرِ
    بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي! ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى ئاللاھ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر

    بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب كەسكىن رەۋىشتە ئىمان ئېيتقاي، مۇئمىنلارنىڭ ئىمانى كۈچەيگەي، ئەھلى كىتاب بىلەن مۇئمىنلەر بۇنىڭدىن شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار بىلەن كاپىرلار دېسۇنكى: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟»، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، رەببىڭنىڭ قوشۇنىنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر

  32. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 32-ئايەت)
    كَلَّا وَالْقَمَرِ
    ياق (يەنى ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى

    ياق، ئاي بىلەن قەسەمكى

  33. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 33-ئايەت)
    وَاللَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ
    ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى

    ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى

  34. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 34-ئايەت)
    وَالصُّبْحِ إِذَا أَسْفَرَ
    يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى

    يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى

  35. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 35-ئايەت)
    إِنَّهَا لَإِحْدَى الْكُبَرِ
    شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟)

    شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئەلۋەتتە بالالاردىن بىرىدۇر

  36. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 36-ئايەت)
    نَذِيرًا لِلْبَشَرِ
    ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

    ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

  37. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 37-ئايەت)
    لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَتَقَدَّمَ أَوْ يَتَأَخَّرَ
    سىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

    سىلەردىن ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

  38. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 38-ئايەت)
    كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ
    ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر

    ھەر ئىنسان قىلمىشلىرىغا باغلىقتۇر

  39. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 39-ئايەت)
    إِلَّا أَصْحَابَ الْيَمِينِ
    پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا

    سائادەتمەن مۇئمىنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا

  40. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 40-ئايەت)
    فِي جَنَّاتٍ يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ

    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، ئۇلار سورايدۇ:

  41. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 41-ئايەت)
    عَنِ الْمُجْرِمِينَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ

    گۇناھكارلاردىن

  42. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 42-ئايەت)
    مَا سَلَكَكُمْ فِي سَقَرَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ

    «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟»

  43. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 43-ئايەت)
    قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّينَ
    ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق

  44. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 44-ئايەت)
    وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ الْمِسْكِينَ
    مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق

    مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق

  45. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 45-ئايەت)
    وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ الْخَائِضِينَ
    بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق

    بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھودە سۆز قىلاتتۇق

  46. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 46-ئايەت)
    وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ الدِّينِ
    قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق

    قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق

  47. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 47-ئايەت)
    حَتَّىٰ أَتَانَا الْيَقِينُ
    تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)»

    تاكى بىز ئۆلگۈچە شۇنداق قىلدۇق»

  48. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 48-ئايەت)
    فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ
    شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)

    شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ

  49. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 49-ئايەت)
    فَمَا لَهُمْ عَنِ التَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ
    ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟

    شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار نېمىشقا ۋەز-نەسىھەتتىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟

  50. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 50-ئايەت)
    كَأَنَّهُمْ حُمُرٌ مُسْتَنْفِرَةٌ
    گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)

    گويا ئۇلار قاچقۇن ئېشەكلەردۇركى،

  51. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 51-ئايەت)
    فَرَّتْ مِنْ قَسْوَرَةٍ
    گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)

    يولۋاستىن قاچتى

  52. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 52-ئايەت)
    بَلْ يُرِيدُ كُلُّ امْرِئٍ مِنْهُمْ أَنْ يُؤْتَىٰ صُحُفًا مُنَشَّرَةً
    بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ)

    بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ

  53. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 53-ئايەت)
    كَلَّا ۖ بَلْ لَا يَخَافُونَ الْآخِرَةَ
    ياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ

    ياق. بەلكى ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ

  54. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 54-ئايەت)
    كَلَّا إِنَّهُ تَذْكِرَةٌ
    ياق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا، قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر)

    ياق، مۇقەررەركى، ئۇ -قۇرئان- بىر ئەسلەتمىدۇر!

  55. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 55-ئايەت)
    فَمَنْ شَاءَ ذَكَرَهُ
    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ

    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن دەرس ئالىدۇ

  56. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 56-ئايەت)
    وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ هُوَ أَهْلُ التَّقْوَىٰ وَأَهْلُ الْمَغْفِرَةِ
    ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر

    #نامى؟