مۇدەسسىر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 56 ئايەت
مەنىسى: كىيىمگە پۈركىنىۋالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الْمُدَّثِّرُ
    ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) — مۇھەممەد سالىھ

    ئى كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى -پەيغەمبەر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى چۈمكىنىۋالغۇچى![1] — ئەنەس ئالىم

    (1-10) ئى ۋەھىي پەرىشتىسىنى كۆرۈپ قورققانلىقىدىن كىيىملىرىگە چۈمكىنىپ ياتقان پەيغەمبەر! ياتقان يېرىڭدىن تۇرغىن، ئىنسانلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغىن، رەببىڭنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ھەر جايدا ئېلان قىلغىن، كىيىملىرىڭنى پاك تۇتقىن، ماددىي ۋە مەنىۋى نىجاسەتلەردىن يىراق تۇرغىن، بىراۋغا قىلغان ياخشىلىقىڭنى كۆپ ساناپ ئۇنىڭغا مىننەت قىلمىغىن، كۆز - كۆز قىلمىغىن، يۈزىگە سالمىغىن. ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، يولۇڭدا كەلگەن ئەزىيەت ۋە مۇسىبەتلەرگە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن سەۋر قىلغىن، تائەت - ئىبادەت ۋە دەۋەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە چىدىغىن. چۈنكى بىر كۈنى دۇنيانىڭ ئەجىلى توشۇپ سۇر چېلىنىدۇ ئەنە شۇ كۈن ناھايىتى قىيىن كۈندۇر، كافىرلارغا ھېچ ئاسان ئەمەستۇر، شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ ئۇ كۈندە قىيىن ئەھۋالدا قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغىن ۋە سەۋر قىلغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. قُمْ فَأَنْذِرْ
    تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    تۇر! ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئورنۇڭدىن تۇرغىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن، — ئەنەس ئالىم

  3. وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ
    پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭنى ئۇلۇغلا — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭنىڭ بۈيۈكلۈكىنى ئېلان قىلغىن، — ئەنەس ئالىم

  4. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 4-ئايەت) پاكىزلىق تاھارەت
    وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ
    كىيىمىڭنى پاك تۇت — مۇھەممەد سالىھ

    كىيىمىڭنى پاك تۇت — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىيىملىرىڭنى پاك تۇتقىن، — ئەنەس ئالىم

  5. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 5-ئايەت) ھارام شېرىك
    وَالرُّجْزَ فَاهْجُرْ
    ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول — مۇھەممەد سالىھ

    ناپاك نەرسىلەردىن يىراق بول — تەرجىمە ھەيئىتى

    نىجاسەتتىن يىراق تۇرغىن، — ئەنەس ئالىم

  6. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 6-ئايەت) مىننەت (رىيا) ئىخلاس
    وَلَا تَمْنُنْ تَسْتَكْثِرُ
    كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما) — مۇھەممەد سالىھ

    قىلغان ياخشىلىقىڭنى كۆپ كۆرۈپ مىننەت قىلما — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىلغان ياخشىلىقىڭنى كۆپ ساناپ مىننەت قىلمىغىن، — ئەنەس ئالىم

  7. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 7-ئايەت) سەۋر پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى
    وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەۋر قىل — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن. — ئەنەس ئالىم

  8. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 8-ئايەت) سۇر چىلىنىشى قىيامەت ۋاقتى
    فَإِذَا نُقِرَ فِي النَّاقُورِ
    سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سۇر چېلىنغان ۋاقىت بارغۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى سۇر چېلىنغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم

  9. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 9-ئايەت) تىرىلىش قىيامەت ۋاقتى
    فَذَٰلِكَ يَوْمَئِذٍ يَوْمٌ عَسِيرٌ
    سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ۋاقىت، ئەنە شۇ كۈن قىيىن كۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

  10. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 10-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    عَلَى الْكَافِرِينَ غَيْرُ يَسِيرٍ
    كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر. — ئەنەس ئالىم

  11. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 11-ئايەت) كىبىر ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    ذَرْنِي وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا
    (ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت — مۇھەممەد سالىھ

    مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى ماڭا قويۇۋەت — تەرجىمە ھەيئىتى

    مېنى، مەن يالغۇز ياراتقان ئادەم بىلەن قويۇۋەتكىن. — ئەنەس ئالىم

    (11-25) ئى مۇھەممەد! مېنى، مەن مال - مۈلۈكسىز ۋە بالا - چاقىسىز، تەنھا ھالىتىدە ياراتقان، كېيىن سانى كۆپ، مەنپەئەتى توختاپ قالمايدىغان، كۆلىمى چوڭ بايلىق ئاتا قىلغان، كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەرگەن، ئالدىغا تۈرلۈك ئىمكانلارنى چىقارغان، شۇنچە نېمەتلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇق يەنىمۇ كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىۋاتقان ئادەمنى ماڭا قويغىن. ئۇ ئادەم ھېچ تەمە قىلمىسۇن، چۈنكى نېمەتنى كۆپەيتىش تەمە قىلىش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئىلكىدىكى نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ئۇ ئادەم بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە تەرسالىق بىلەن قارشى چىقماقتىدۇر. مەن ئۇنى يېقىندا تىك داۋانغا چىقىشقا زورلايمەن؛ ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىمەن، چۈنكى ئۇ ئويلاندى ۋە پىلانلىدى، ئۆلگۈر! قانداق پىلانلىدى؟ ھۇ ئۆلگۈر! قانداق پىلانلىدى؟ ئاندىن كېيىن ئەتراپقا قارىدى، ئاندىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى، ئاندىن كېيىن ئارقىسىنى قىلدى ۋە كىبىرلەندى، ئاندىن قۇرئان ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مۇھەممەد ‹قۇرئان› دەپ ئوقۇۋاتقان سۆزلەر پەقەت نەقىل قىلىنىپ كەلگەن سېھىردۇر، ئۇلار پەقەت ئىنساننىڭ سۆزىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 12-ئايەت) ئاچكۆزلۈك ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    وَجَعَلْتُ لَهُ مَالًا مَمْدُودًا
    ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن ئۇنىڭغا ئۇزىتىلغۇچى مال[2] بەردىم. — ئەنەس ئالىم

  13. وَبَنِينَ شُهُودًا
    ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم. — ئەنەس ئالىم

  14. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 14-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى غەپلەت
    وَمَهَّدْتُ لَهُ تَمْهِيدًا
    ئۇنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردۈم — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈردۈم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا بۈيۈك ئىمكان بەردىم. — ئەنەس ئالىم

  15. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 15-ئايەت) كىبىر ئاچكۆزلۈك
    ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ
    ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمما ئۇ زىيادە قىلىشىمنى تەمە قىلماقتا. — ئەنەس ئالىم

  16. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 16-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    كَلَّا ۖ إِنَّهُ كَانَ لِآيَاتِنَا عَنِيدًا
    ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى — مۇھەممەد سالىھ

    ياق، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جان جەھلى بىلەن قارشى چىقتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھېچ تەمە قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقماقتا. — ئەنەس ئالىم

  17. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 17-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    سَأُرْهِقُهُ صَعُودًا
    ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن يېقىندا ئۇنى تىك داۋانغا چىقىشقا زورلايمەن. — ئەنەس ئالىم

  18. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 18-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    إِنَّهُ فَكَّرَ وَقَدَّرَ
    ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئويلاندى ۋە پىلانلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئۇ ئويلاندى ۋە پىلانلىدى، — ئەنەس ئالىم

  19. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 19-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
    لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟ — مۇھەممەد سالىھ

    لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆلگۈر! قانداق پىلانلىدى؟ — ئەنەس ئالىم

  20. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 20-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
    يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھۇ ئۆلگۈر! قانداق پىلانلىدى؟ — ئەنەس ئالىم

  21. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 21-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    ثُمَّ نَظَرَ
    ئاندىن ئۇ قارىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇ قارىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن قارىدى، — ئەنەس ئالىم

  22. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 22-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق
    ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ
    ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى، — ئەنەس ئالىم

  23. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 23-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق
    ثُمَّ أَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ
    ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئارقىسىنى قىلدى ۋە كىبىرلەندى، — ئەنەس ئالىم

  24. فَقَالَ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ
    «بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەت ئۆگىنىلگەن بىر سېھىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەت نەقىل قىلىنىپ كەلگەن سېھىردۇر. — ئەنەس ئالىم

  25. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 25-ئايەت) كاپىرلىق قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى
    إِنْ هَٰذَا إِلَّا قَوْلُ الْبَشَرِ
    «بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ئىنسان سۆزىدىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ پەقەت ئىنساننىڭ سۆزىدۇر». — ئەنەس ئالىم

  26. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 26-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    سَأُصْلِيهِ سَقَرَ
    ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى مەن سەقەرگە سالىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن يېقىندا ئۇنى سەقەرگە كىرگۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم

    (26-30) مەن يېقىندا ئۇنى سەقەرگە كىرگۈزىمەن. سەقەر نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟ ئۇ، ئۆزىگە تاشلانغان گەدەنكەشلەرنى قالدۇرۇپ قويماي ۋە قويۇۋەتمەي قىينايدۇ، ئىنسانلارنىڭ تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈپ قاپقارا قىلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ۋە تاشلانغانلارنى ئازابلاشقا ئون توققۇز پەرىشتە مۇئەككەل قىلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاشكارا دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندا قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ كاتتىباشلىرىدىن ئەبۇ لەھەب، ئەبۇ سۇفيان، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە، نەزر ئىبنى ھارىس، ئۇمەييە ئىبنى خەلەف، ئاس ئىبنى ۋائىل ۋە مۇتئەم ئىبنى ئەدىي قاتارلىقلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە دەيدىغان سۆزلىرىنى بېكىتىۋېلىش ئۈچۈن توپلانغان ۋە مۇنداق دېيىشكەن: «يېقىندا ھەج مەۋسۇمى باشلىنىدۇ، مەككىگە ئەتراپتىكى ئەرەبلەرنىڭ ۋەكىللىرى كېلىدۇ ۋە سىلەردىن مۇھەممەد ھەققىدە سورايدۇ، ھازىرغىچە مۇھەممەد ھەققىدە بەزىلەر مەجنۇن، بەزىلەر كاھىن، بەزىلەر شائىر دېدى، ئەرەبلەر بۇ سۈپەتلەرنىڭ بىر كىشىدە جەم بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭلاشقا مۇھەممەدنى بىر ئىسىم بىلەن ئاتاشقا ئىتتىپاقلىشايلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىسىم بىلەن ئاتايلى، ئەرەبلەرمۇ شۇ ئىسىم بىلەن ئاتىسۇن». ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلىشقاندىن كېيىن ئارىدىن بىرەيلەن: «شائىر» دېدى، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە : «مەن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئاڭلىغان، مەن شېئىرنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى بىلىمەن، مۇھەممەدنىڭ سۆزى ھېچبىر شائىرنىڭ سۆزىگە ئوخشىمايدۇ» دېدى، ئۇلار: «كاھىن» دېدى، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە: «مۇھەممەدنىڭ سۆزى كاھىننىڭ سۆزىگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاھىن دېگەن بەزى راست ئېيتىدۇ، بەزىدە يالغان ئېيتىدۇ، مۇھەممەد ھەرگىزمۇ يالغان ئېيتمىغان تۇرسا» دېدى، ئارىدىن بىرەيلەن: «مەجنۇن» دېدى. ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە: «مەجنۇن دېگەن بۇغۇلىدۇ، قالايمىقان گەپ قىلىدۇ، مۇھەممەدتە بۇلارنىڭ ھېچبىرى يوق» دېدى، ئۇلار بۇ نۆۋەت: «ساھىر» دېدى، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە: «بىز سېھىرگەرنىمۇ كۆردۇق، سېھىرنىمۇ كۆردۇق، مۇھەممەدنىڭ سۆزى سېھىرگەرنىڭ دەم سېلىشىغا ۋە تۈگۈن تۈگىشىگە ئوخشىمايدۇ» دېدى، ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كەتتى، ئارقىسىدىن ئەبۇ جەھىل بېرىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردى ۋە ئۇنىڭغا: «نېمە بولدۇڭ؟ دىنىمىزدىن چىقتىڭمۇ؟ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن ياندىڭمۇ؟» دېدى، ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە: «ياق، مۇھەممەدنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ھەققىدە ‹ساھىر›، سۆزى ھەققىدە ‹سېھىر› دېسەك بولغۇدەك، چۈنكى مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرى ئاتا - بالىنى، ئەر - خوتۇننى، قېرىنداشلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋاتىدۇ» دېدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ (16 ~ 30 -) ئايەتلەر نازىل بولغان. تەپسىرلەردە بۇ رىۋايەتنىڭ پەرقلىق شەكىللىرىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ، لېكىن ھەممىسى قۇرئان كەرىم ھەققىدە ئۇزۇن ئويلىنىپ: «سېھىر» دېگەن كىشىنىڭ ۋەلىد ئىبنى مۇغىيرە ئىكەنلىكىدە ۋە ئۇنى قۇتراتقان كىشىنىڭ ئەبۇ جەھىل ئىكەنلىكىدە بىرلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 27-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا سَقَرُ
    سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەقەر نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم

  28. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 28-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    لَا تُبْقِي وَلَا تَذَرُ
    ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ قالدۇرۇپ قويمايدۇ ۋە قويۇۋەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  29. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 29-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    لَوَّاحَةٌ لِلْبَشَرِ
    ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىنسانلارنى بەك كۆيدۈرگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىنسانلارنىڭ تېرىلىرنى كۆيدۈرۈپ قاپقارا قىلىۋەتكۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  30. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 30-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى پەرىشتىلەر
    عَلَيْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ
    ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ ئۈستىدە ئون توققۇز خادىم بار. — ئەنەس ئالىم

  31. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 31-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى پەرىشتىلەر ئىمان
    وَمَا جَعَلْنَا أَصْحَابَ النَّارِ إِلَّا مَلَائِكَةً ۙ وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا لِيَسْتَيْقِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَيَزْدَادَ الَّذِينَ آمَنُوا إِيمَانًا ۙ وَلَا يَرْتَابَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْمُؤْمِنُونَ ۙ وَلِيَقُولَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْكَافِرُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ ۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْبَشَرِ
    بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي! ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى ئاللاھ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب كەسكىن رەۋىشتە ئىمان ئېيتقاي، مۇئمىنلارنىڭ ئىمانى كۈچەيگەي، ئەھلى كىتاب بىلەن مۇئمىنلەر بۇنىڭدىن شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار بىلەن كاپىرلار دېسۇنكى: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟»، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، رەببىڭنىڭ قوشۇنىنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز دوزاخنىڭ خادىملىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق. ئۇلارنىڭ سانىنى كافىرلار ئۈچۈن پەقەتلا ئىمتىھان ۋاسىتىسى قىلدۇق. بىز بۇنى كىتاب بېرىلگەنلەر ھەقىقىي ئىشەنسۇن، ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىمانى زىيادە بولسۇن، كىتاب بېرىلگەنلەر ۋە مۇئمىنلار شۈبھىلەنمىسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. بىز بۇنى يەنە قەلبلىرىدە كېسەل بارلار ۋە كافىرلار: «ئاللاھ بۇ مىسالدىن نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دېسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئەنە شۇنداق ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ئەنە شۇنداق ھىدايەت قىلىدۇ. رەببىڭنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن پەقەتلا توغرا ئىلىمدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بىز دوزاخنىڭ خادىملىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق. ئۇلارنىڭ سانىنى كافىرلارنىڭ بۇ ھەقتە كەلسە - كەلمەس گەپلەرنى قىلىپ تېخىمۇ بەك ئېزىپ كېتىشى، شۇنداقلا قاتتىق ئازابقا لايىق بولۇشى ئۈچۈن 19 قىلدۇق. بىز بۇ ھەقىقەتنى، كىتاب بېرىلگەنلەر بۇ ساننىڭ ئۆز كىتابلىرىدىكى سانغا مۇۋاپىق كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە جەزمەن ئىشەنسۇن، مۇئمىنلەرنىڭ قۇرئانغا بولغان ئىمانى زىيادە بولسۇن، كىتاب بېرىلگەنلەر ۋە مۇئمىنلەر ئۇ ساننىڭ توغرىلىقىدا شۈبھىلەنمىسۇن، مۇنافىقلار ۋە كافىرلار ھەيران بولۇپ: «ئاللاھ بۇ مىسالدىن نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دەپ ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىسۇن دەپ بايان قىلدۇق. ئاللاھ ئەنە شۇ ساننى زىكىر قىلىش بىلەن، ئازغۇنلۇقتا قېلىشىنى ئۇيغۇن كۆرگەن كىشىنى ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ، ھىدايىتىگە لايىق كۆرگەن كىشىنى ھىدايىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. رەببىڭنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. سەقەر ھەققىدىكى بۇ بايانلار ئىنسانلار ئۈچۈن نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 32-ئايەت) ساماۋىي ئالامەتلەر قەسەملەر
    كَلَّا وَالْقَمَرِ
    ياق (يەنى ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ياق، ئاي بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق، ئاي بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (32-37) مۇشرىكلارنىڭ سۆزلىرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس!، ئاي بىلەن قەسەمكى، كەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، يورۇغان چاغدىكى سۈبھى بىلەن قەسەمكى، ئۇ سەقەر ئەڭ چوڭ پالاكەتلەرنىڭ بىرىدۇر. سىلەردىن نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ ھىدايەت تەرەپكە ئىلگىرىلەشنى ياكى نەسىھەتتىن يۈز ئۆرۈپ ھىدايەتتىن چېكىنىشنى خالىغان ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 33-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    وَاللَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ
    ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  34. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 34-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    وَالصُّبْحِ إِذَا أَسْفَرَ
    يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يورۇغان چاغدىكى سۈبھى بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  35. إِنَّهَا لَإِحْدَى الْكُبَرِ
    شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟) — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئەلۋەتتە بالالاردىن بىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سەقەر ئەڭ بۈيۈك پالاكەتلەرنىڭ بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  36. نَذِيرًا لِلْبَشَرِ
    ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر، — ئەنەس ئالىم

  37. لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَتَقَدَّمَ أَوْ يَتَأَخَّرَ
    سىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەردىن ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنى سىلەردىن ئىلگىرىلەشنى ياكى چېكىنىشنى خالىغانلار ئۈچۈن. — ئەنەس ئالىم

  38. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 38-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ
    ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر ئىنسان قىلمىشلىرىغا باغلىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر كىشى ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن گۆرۈگە ئېلىنغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (38-48) قىيامەت كۈنى ھەر كىشى دۇنيادىكى قىلمىشى تۈپەيلىدىن گۆرۈگە ئېلىنغۇچىدۇر، لېكىن ئەمەل دەپتىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەن كىشىلەر گۆرۈگە ئېلىنىشتىن قۇتۇلىدۇ، ئۇلار جەننەت باغچىلىرىدا بولىدۇ ۋە ئۆزئارا گۇناھكارلار توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئۇلار جەننەت باغچىلىرىدا تۇرۇپ دوزاختىكى گۇناھكارلاردىن: «سىلەر نېمە ئۈچۈن سەقەرگە كىردىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. گۇناھكار ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «بىز تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك ناماز ئۆتىمىگەن، مىسكىنگە تائام بەرمىگەن، باتىلغا چۆمگەن ئادەملەر بىلەن بىرلىكتە باتىلغا چۆمگەن، جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلغان ئىدۇق». ئۇلارنى سەقەرنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچبىر شافائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا بارلىق جىنلار، ئىنسانلار ۋە پەرىشتىلەر شافائەت قىلغان تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. إِلَّا أَصْحَابَ الْيَمِينِ
    پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا — مۇھەممەد سالىھ

    سائادەتمەن مۇئمىنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئوڭ تەرەپنىڭ ئىگىلىرى ئۇنداق ئەمەس. — ئەنەس ئالىم

  40. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 40-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى تەقۋادارلىق
    فِي جَنَّاتٍ يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، ئۇلار سورايدۇ: — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار جەننەتلەردە بولىدۇ ۋە ئۆزئارا سورىشىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  41. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 41-ئايەت) دوزاخ ئەھلى كاپىرلىق
    عَنِ الْمُجْرِمِينَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    گۇناھكارلاردىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    گۇناھكارلار توغرۇلۇق. — ئەنەس ئالىم

  42. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 42-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    مَا سَلَكَكُمْ فِي سَقَرَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن «سىلەر نېمە ئۈچۈن سەقەرگە كىردىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  43. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 43-ئايەت) كاپىرلىق پەرز ناماز
    قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّينَ
    ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ناماز ئۆتىگۈچىلەردىن بولمىغان ئىدۇق، — ئەنەس ئالىم

  44. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 44-ئايەت) كاپىرلىق يوقسۇللارنىڭ ھەققى
    وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ الْمِسْكِينَ
    مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    مىسكىنگە تائام بەرمىگەن ئىدۇق، — ئەنەس ئالىم

  45. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 45-ئايەت) كاپىرلىق دۇنياۋىي مەشغۇلىيەتلەر
    وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ الْخَائِضِينَ
    بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھودە سۆز قىلاتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۆمگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە باتىلغا چۆمگەن ئىدۇق، — ئەنەس ئالىم

  46. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 46-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ الدِّينِ
    قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى يالغان دېگەن ئىدۇق، — ئەنەس ئالىم

  47. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 47-ئايەت) ئۆلۈم كاپىرلىق
    حَتَّىٰ أَتَانَا الْيَقِينُ
    تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)» — مۇھەممەد سالىھ

    تاكى بىز ئۆلگۈچە شۇنداق قىلدۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز تاكى ئۆلگۈچە مۇشۇنداق قىلغان ئىدۇق». — ئەنەس ئالىم

  48. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 48-ئايەت) شاپائەت كاپىرلىق
    فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ
    شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا شاپائەتچىلەرنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  49. فَمَا لَهُمْ عَنِ التَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ
    ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار نېمىشقا ۋەز-نەسىھەتتىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇشرىكلارغا نېمە بولدىكىن، ئەسكە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلىمدىن يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (49-52) مۇشرىكلارغا نېمە بولدىكىن، ئەلچىمىز يەتكۈزگەن چىرايلىق نەسىھەت، پايدىلىق ئىلىم ۋە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن قېچىۋاتىدۇ؟ ئۇلار خۇددى يولۋاستىن قاچقان ياۋا ئېشەكلەردۇر. ئۇلار نەسىھەتلەردىن قېچىپلا قالماستىن، بەلكىدە ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىگە خۇسۇسىي كىتاب نازىل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 50-ئايەت) كاپىرلىق دىننى مەسخىرە قىلىش
    كَأَنَّهُمْ حُمُرٌ مُسْتَنْفِرَةٌ
    گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    گويا ئۇلار قاچقۇن ئېشەكلەردۇركى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار خۇددى ياۋا ئېشەكلەردۇر، — ئەنەس ئالىم

  51. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 51-ئايەت) كاپىرلىق دىننى مەسخىرە قىلىش
    فَرَّتْ مِنْ قَسْوَرَةٍ
    گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    يولۋاستىن قاچتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يولۋاستىن قاچقان. — ئەنەس ئالىم

  52. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 52-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار كاپىرلىق
    بَلْ يُرِيدُ كُلُّ امْرِئٍ مِنْهُمْ أَنْ يُؤْتَىٰ صُحُفًا مُنَشَّرَةً
    بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ[3]. — ئەنەس ئالىم

  53. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 53-ئايەت) كاپىرلىق غەپلەت
    كَلَّا ۖ بَلْ لَا يَخَافُونَ الْآخِرَةَ
    ياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياق. بەلكى ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق، بەلكى ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (53-56) ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئەسلىدە ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ. قۇرئان ئۇلار ئېيتقاندەك، سېھىر، شېئىر ياكى ئويدۇرما سۆز ئەمەس، ئەكسىچە قۇرئان ئاللاھنىڭ نەسىھىتى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر. خالىغان كىشى ئۇ نەسىھەتنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنى قوبۇل قىلسۇن. ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئاللاھ بەندىلەر ئىتائەت قىلىشقا، ئەيمىنىشكە، غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، ئاللاھ تەۋبىكارلارغا مەغپىرەت قىلىدىغان زاتتۇر. قۇرئان كەرىمدىن پايدىلانماقچى بولغانلارنىڭ ئاللاھ خالىغاندىلا پايدىلىنالىشىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: قۇرئان كەرىم قايسى يولنىڭ توغرا، قايسى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان جاھانشۇمۇل ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانلار قايسى يولنى تاللاشتا ھۆر بولغانلىقى ئۈچۈن خالىغان كىشى ئۇ ئىلىملەر ئارقىلىق ھەر ئىككى يولنى تونۇيدۇ، شۇنداقلا خاتا يولدىن ساقلىنىپ توغرا يولدا ماڭىدۇ ۋە توغرا ئادەم بولىدۇ. لېكىن ھېچكىم ئاللاھ تائالا قۇرئاندا «ئەگرى يول» دېگەن يولدا مېڭىپ «توغرا ئادەم» بولالمايدۇ. ئۇ، توغرا ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «توغرا يول» دېگەن يولنى تاللىغاندىلا «توغرا ئادەم» بولالايدۇ. توغرا مەنزىلگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىغان كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى، ئۇنىڭ ئاللاھ توغرا يول دەپ تونۇتقان يولنى تاللىشى ۋە ئۇ يولغا كىرىشىگە باغلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا، خاتا تاللاشتا بولۇپ ئەگرى يولغا كىرگەن كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 54-ئايەت) قۇرئاننىڭ ھىدايىتى
    كَلَّا إِنَّهُ تَذْكِرَةٌ
    ياق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا، قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    ياق، مۇقەررەركى، ئۇ -قۇرئان- بىر ئەسلەتمىدۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ. قۇرئان ئەسكە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇر. — ئەنەس ئالىم

  55. فَمَنْ شَاءَ ذَكَرَهُ
    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن دەرس ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    خالىغان كىشى ئۇنى ئېسىگە ئالسۇن. — ئەنەس ئالىم

  56. وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ هُوَ أَهْلُ التَّقْوَىٰ وَأَهْلُ الْمَغْفِرَةِ
    ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا ئېسىگە ئالالايدۇ[4]. ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلىنىشقا تېگىشلىك زاتتۇر، مەغپىرەت قىلىدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم