سەبەئ سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 54 ئايەت
مەنىسى: قەۋم ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: يەمەندىكى سەبەئ قەۋمىنىڭ قىسسىس بايان قىلىنغان (15~21-ئايەتلەر)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي الْآخِرَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
    جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاخىرەتتىكى ھەمدۇسانامۇ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانامۇ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا بولسۇن. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، چۈنكى ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى يوقتىن ياراتقان، ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يېگانە مەبۇدتۇر، ئاللاھقا دۇنيادىمۇ ھەمدۇسانا ئېيتىلىدۇ، ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانا ئېيتىلىدۇ. ئاللاھ ھەر ئىشىنى توغرا قىلىدۇ ۋە مۇئەييەن بىر مەقسەت بىلەن قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىدىن ۋە ھەر ئىشتىن خەۋەرداردۇر. قۇرئان كەرىمدە بەش سۈرە «ئەلھەمدۇ لىللاھ - الْحَمْدُ للّهِ» بىلەن باشلىنىدۇ ۋە ئۇ سۈرىلەردە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھەمد ئېيتىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بەندىلىرىگە ھەمد ئېيتىشنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇلارنى ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ. «ھەمدۇسانا»نىڭ مەنىسى توغرۇلۇق ئىلگىرى بەزى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. «ئاللاھقا دۇنيادىمۇ ھەمدۇسانا ئېيتىلىدۇ، ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانا ئېيتىلىدۇ». ئاللاھ بەندىلەر تەرىپىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەمدۇسانا ئېيتىلىشقا لايىق يېگانە مەبۇدتۇر، چۈنكى ئاللاھ ئۇ بەندىلىرىگە دۇنيادا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئادالىتى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلار دۇنيادا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ، ئۇلار (پەرىشتىلەر ۋە مۇئمىنلار) ئاخىرەتتىمۇ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنْزِلُ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا ۚ وَهُوَ الرَّحِيمُ الْغَفُورُ
    ئاللاھ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان (يەنى يامغۇر، كان ۋە ئۆلۈكلەرگە ئوخشاش) نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان (ئۆسۈملۈك، بۇلاق ۋە قۇدۇقلارنىڭ سۇلىرى قاتارلىق) نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان (پەرىشتە، يامغۇر، ئەجەل، رىزىق قاتارلىق) نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان (ياخشى ئەمەللەر، مەقبۇل دۇئالار قاتارلىق) نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ۋە ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ زېمىنغا كىرىدىغان ۋە زېمىندىن چىقىدىغان، ئاسماندىن چۈشىدىغان ۋە ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ زېمىنغا سىڭىپ كەتكەن سۇلار، دەپنە قىلىنغان ئۆلۈكلەر، تېرىلغان ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلار، كۆمۈلگەن خەزىنىلەر قاتارلىق نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىققان ئۆسۈملۈكلەر، قۇدۇق ۋە بۇلاق سۇلىرى، تۈرلۈك مەدەنلەر قاتارلىق نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇر، قار، مۆلدۈر، پەرىشتە ۋە كىتاب قاتارلىقلارنى، ئاسمانغا ئۆرلىگەن روھلار، پەرىشتىلەر ۋە بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى قاتارلىقلارنى بىلىدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئالاھىدە رەھمەت قىلىدىغان، تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغان ۋە پاناھىغا ئېلىپ قوغدايدىغان زاتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئاسمان - زېمىندىكى نەرسىلەرنى، ئۇلارغا كىرىۋاتقان ۋە ئۇلاردىن چىقىۋاتقان بارلىق نەرسىلەر بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئايەتتە بۇنى تەكىتلەيدۇ ۋە بەندىلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان نەرسىلەر ۋە ئىشلار تۆۋەندىكىچە: 1) «زېمىنغا كىرىدىغان نەرسىلەر»: (2) سۇ. بۇ ئاسماندىن ياغقان يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر سۇلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۇنى قاچان، قەيەرگە، قانچىلىك چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئالدىن پىلانلايدۇ ۋە چۈشۈرگەن سۇنى زېمىنغا سىڭدۈرۈپ ساقلايدۇ. (2) ئۆلۈكلەر. ئاللاھ تائالا ھەر ئىنساننى ئەجەل بەلگىلەپ ياراتقان، ئەجىلى توشقان ئىنساننى ۋاپات قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ روھىنى ئۆزى تۇتۇپ قالىدۇ، جەسىتىنى ھاياتتىكى ئىنسانلارغا دەپنە قىلدۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا كىمنىڭ نەگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ۋە زېمىننىڭ ئاستىدا قانچە ئۆلۈكنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ. (3) تېرىلغان ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلار. بۇلار، ئىنسانلار تەرىپىدىن زېمىنغا تېرىلغان ۋە ئۆزلىكىدىن زېمىنغا چۈشكەن بارلىق ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا زېمىنغا قانچە تال ئۇرۇق چۈشكەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ ئۈنىدىغانلىقىنى ۋە قايسىسىنىڭ ئۈنمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. (4) كۆمۈلگەن خەزىنىلەر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن كىمنىڭ قەيەرگە نېمە كۆمگەنلىكىنى بىلىدۇ. 2) «زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەر»: (1) ئۆسۈملۈكلەر. ئاللاھ تائالا زېمىنغا چۈشكەن ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىلگەندەك، زېمىندىن ئۈنۈپ چىققان ئۆسۈملۈكلەرنىمۇ بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ئۈندۈرىدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ. (2) قۇدۇق ۋە بۇلاق سۇلىرى. ئاللاھ تائالا ئۇ سۇلارنى ئاسماندىن ياغدۇرۇپ يەرنىڭ ئاستىدا ساقلىماقتىدۇر، شۇنداقلا جانلىقلارنىڭ ئېھتىياجىغا تۇشلۇق چىقىرىپ ئۇلارنى سۇغارماقتىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئېھتىياجلارنى قامدايدىغان مىقداردىكى سۇنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنى بىلىشى، پىلانلىشى ۋە قۇدرىتىنىڭ يېتىشى تەبىئىيدۇر. (3) مەدەنلەر. بۇلار بارلىق يەر ئاستى بايلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن ياراتقان، قەيەردە قانچىلىك نەرسە ياراتقانلىقىنى ۋە كىمنىڭ قانچىلىك نەرسە چىقارغانلىقىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنى بىلىپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدۇ. (4) قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەن خالايىقلار. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ. 3) «ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەر»: (1) سۇ. بۇ يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر سۇلىرىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇلارنى ئاللاھ تائالا ياغدۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مىقدارىنى، قەيەرگە ياغىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك ياغىدىغانلىقىنى ئۆزى ئالدىن پىلانلايدۇ ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر نەرسىنى بىلىدۇ. (2) كىتابلار. ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ۋە ئۇلارغا كىتاب چۈشۈرگەن. ئاللاھ تائالا قاچان، قايسى پەيغەمبەرگە، قايسى كىتابنى نازىل قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. (3) پەرىشتىلەر . ئاللاھ تائالا زېمىنىدا قىلىنىشىنى پىلانلىغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئەجىلى توشقانلارنى ۋاپات قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى خالىغان پەرىشتىلەرنى چۈشۈرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن زېمىنغا چۈشۈپ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى يېزىش ئۈچۈنمۇ پەرىشتە چۈشۈرىدۇ. 4) «ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەر»: (1) بەندىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرى. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنىڭ پاك سۆزلىرىنى ۋە ياخشى ئەمەللىرىنى ئۆزىنىڭ دەرگاھىغا يۈكسەلدۈرىدۇ. (2) مۇئمىنلارنىڭ روھلىرى. مەسئۇل پەرىشتىلەر مۇئمىنلارنىڭ روھلىرىنى ئېلىپ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىدۇ. (3) پەرىشتىلەر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن زېمىنغا ئىش بېجىرگىلى چۈشكەن پەرىشتىلەر ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ بولغاندا، يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ. (4) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسى. ئاللاھ تائالا زېمىندا قىلىشنى ئىرادە قىلغان ئىشلارنى پىلانلاپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر نەرسىنى زېمىنغا چۈشۈرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان بويىچە بېجىرىلىپ نەتىجىلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ. خۇلاسە: ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ نەرسە ۋە ئىشلارنى بىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بولغان ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا باشقىلار ئۈچۈن غەيب بولغان نەرسىلەر ئاللاھقا ئاشكارىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَأْتِينَا السَّاعَةُ ۖ قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتَأْتِيَنَّكُمْ عَالِمِ الْغَيْبِ ۖ لَا يَعْزُبُ عَنْهُ مِثْقَالُ ذَرَّةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ وَلَا أَصْغَرُ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْبَرُ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
    كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ، ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭ (يەنى زەررە) دىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق» — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ، ئېيتقىنكى: «ئۇنداق ئەمەس، رەببىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ، ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھتىن يىراق ئەمەستۇر، ئۇنىڭدىن كىچىكرەك نەرسە بولسۇن، چوڭراق نەرسە بولسۇن، لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنمىگىنى يوق» — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى: «ياق، ئۇنداق ئەمەس! غەيبنى بىلىدىغان رەببىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە ئەلۋەتتە كېلىدۇ. ئاسمانلاردا بولسۇن، زېمىندا بولسۇن، زەررە چاغلىق نەرسە رەببىمنىڭ ئىلمىدىن قاچالمايدۇ. مەيلى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن ھەممىسى ئەلۋەتتە روشەن كىتابتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ئاسمان، زېمىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەدھىيەلىنىشكە لايىق بىردىنبىر ئىلاھ تۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدۇ، ئىشەنگەنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ ۋە ئىنكاردا ئەزۋەيلەپ: «بىز ئۆلسەك توپىغا ئايلىنىپ كېتىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشىمىز ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلمەيدۇ» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ياق، دەۋايىڭلار توغرا ئەمەس! مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ ۋە سىلەر ئەلۋەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلۈپ قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىسىلەر. ئۇ ئىگەم - غەيىبلەرنى بىلىدىغان، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسىنى، زەررىدىن كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى روشەن كىتاب (لەۋھى مەھفۇز)دا خاتىرىلىگەن ئاللاھتۇر. جۈملىدىن سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان ۋاقىتنىڭ قاچان كېلىشىنىمۇ پەقەت شۇ ئاللاھ بىلىدۇ ۋە ئۇ ۋاقىتنى پەقەت شۇ ئاللاھ كەلتۈرىدۇ. دەرۋەقە ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققان كافىرلار ھەر پۇرسەتتە قىيامەتنىڭ قايىم بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېيتاتتى، جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان كافىرلارمۇ ئەڭ باشتا قىيامەتنى ئىنكار قىلىدۇ؛ ئۇلار بەزىدە بۇنى ئادەتتىكى شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ، بەزىدە كۈچلۈك قەسەملىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، جۈملىدىن بۇ ئايەتتە ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋابنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
    (ئۇلارنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلىنىشى) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى كافىرلار! قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى، ئاللاھنىڭ ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر؛ بۇ دۇنيادىكى چېغىدا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە كۆرسىتىلگەن ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلغانلار، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە ھېسابىنى ئاسان بېرىدۇ، گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە جەننەتتە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ. ئەسكەرتىش: جەننەتنىڭ نېمەتلىرى «ئېسىل رىزىق بىلەن چەكلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇ ھەقتە 22 - سۈرە (ھەج)، 23 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. وَالَّذِينَ سَعَوْا فِي آيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مِنْ رِجْزٍ أَلِيمٌ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى كېرەكسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار يىرگىنچلىك ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى كافىرلار! بۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئايەتلىرىمىزنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە بەرگەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارغا قارشى چىقىپ تەسىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە ھېسابنى تەس بېرىدۇ، دوزاخقا تاشلىنىپ قاتتىق قىينىغۇچى ۋە ناھايىتى خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. جۈملىدىن سىلەرمۇ ناۋادا ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلماي كافىر ھالىتىڭلار بىلەن ئۆلۈپ كەتسەڭلار سىلەرمۇ ئەنە شۇ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىسىلەر. ئەگەر تەۋبە قىلىپ مۇئمىنلارنىڭ سېپىگە قوشۇلساڭلار مۇئمىنلارنىڭ قاتارىدا مۇكاپاتلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَيَرَى الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ الَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ هُوَ الْحَقَّ وَيَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
    ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەر) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەممىدىن غالىب ۋە ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەزىز ۋە مەدھىيەگە لايىق زاتنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كافىرلارنىڭ تەنە - ھاقارەتلىرىگە ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشلىرىگە سەۋر قىلغىن؛ قايغۇرمىغىن، بوشاشمىغىن، ئەكسىچە دەۋەت پائالىيىتىڭنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرغىن. ئۆزلىرىنىڭ توغرا تاللىشى نەتىجىسىدە بىزنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشىمىز بىلەن سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ راستلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشىلەر ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىنى تونۇيدۇ، ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە قۇرئانغا بويسۇنىدۇ. دەرۋەقە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىغا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا هَلْ نَدُلُّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ يُنَبِّئُكُمْ إِذَا مُزِّقْتُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ إِنَّكُمْ لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ
    كاپىرلار (بىر ـ بىرىگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (قەبرىلەردە چىرىپ) تىتما ـ تالاڭ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىسىلەر دەپ خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى سىلەرگە كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار ئېيتىدۇ: «سىلەرگە سىلەر تىتما ـ تالاڭ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىسىلەر دەپ خەۋەر بېرىدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار مۇنداق دېيىشتى: «سىلەرگە، ‹سىلەر ئۆلۈپ تۇپراقنىڭ ئاستىدا پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىسىلەر› دەپ خەۋەر بېرىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    كافىرلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى مەسخىرە قىلىپ بىر - بىرىگە مۇنداق دېيىشتى: «سىلەرگە، ‹سىلەر ئۆلۈپ جەسەتلىرىڭلار تۇپراقنىڭ ئاستىدا پارچە - پارچە بولۇپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىسىلەر› دەپ خەۋەر بېرىدىغان ئادەمنى سىلەرگە كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. أَفْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَمْ بِهِ جِنَّةٌ ۗ بَلِ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ فِي الْعَذَابِ وَالضَّلَالِ الْبَعِيدِ
    ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇدىمۇ؟ يا ئۇ ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلار ئازابتا ۋە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئاللاھقا يالغاننى توقۇدىمۇ؟ ياكى ئۇ ئېلىشىپ قالدىمۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلار ئازابتا ۋە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاللاھقا يالغان چاپلاۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋالدىمۇ؟». ياق! ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئازابنىڭ ۋە چوڭقۇر ئازغۇنلۇقنىڭ ئىچىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئادەم يالغاننى توقۇپ ئاللاھقا چاپلاۋاتامدۇ؟ ياكى ئەقلىدىن ئېزىپ قالدىمۇ؟» دېيىشتى. ياق! ئەمەلىيەت بۇ كافىرلار دەۋا قىلغاندەك ئەمەس؛ مۇھەممەدنىڭ يالغاننى توقۇپ ئاللاھقا چاپلىغىنى يوق، ئۇنىڭ ئەقلىدىن ئازغىنىمۇ يوق، ئەكسىچە مۇھەممەد بىزگە سادىق بەندىدۇر، ئەقلى - ھوشى جايىدىدۇر، شۇنداقلا ئۇ بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ ئۇ يەتكۈزگەن سۆزلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدۇر. لېكىن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ئۇ كافىرلار ئۆزلىرى يالغاننى توقۇپ ئاللاھقا چاپلىماقتىدۇر، ئەقىلسىزلىك قىلماقتىدۇر، ئۇلار ئۆزلىرى يالغاننى توقۇپ ئاللاھقا چاپلىغانلىقى ئۈچۈن ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادا ئازغۇنلۇقتا ياشايدۇ. دەرۋەقە كافىرلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھقا بالا مەنسۇپ قىلىش بىلەن ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىماقتا، ئەقلىنى ئىشلەتمەسلىك بىلەن ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى چىقماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى قىلمىشىنىڭ جازاسى، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن دۇنيادا ئازغۇنلۇقتا تەرك ئېتىلىش، ئاخىرەتتە دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. أَفَلَمْ يَرَوْا إِلَىٰ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنْ نَشَأْ نَخْسِفْ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ نُسْقِطْ عَلَيْهِمْ كِسَفًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ
    ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى (ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان) ئاسمان بىلەن زېمىنغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز، ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئاسمان بىلەن زېمىنغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزىمىز ياكى ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرىمىز. بۇنىڭدا ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئاسمانغا ۋە زېمىنغا قارىمىدىمۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىمىز ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن ھەر بەندە ئۈچۈن ئايەت بار. — ئەنەس ئالىم

    ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ئۇ كافىرلارنىڭ كۆزلىرى كورمۇ؟! ئۇلار نېمىشقا ئۆزلىرىنى تۆت ئەتراپىدىن ئوراپ تۇرۇۋاتقان ئاسمانغا ۋە زېمىنغا قاراپ ئاللاھنىڭ قىيامەتنى قايىم قىلىشقا ۋە خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەيدۇ؟! بىز ئىلگىرى بەزى ئاسىيلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكىنىمىزدەك، ئەگەر خالىساق ئۇلارنىمۇ يەرگە يۇتقۇزىۋېتىمىز ياكى بىز ئىلگىرى بەزى ئاسىيلارنى ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرۈپ ھالاك قىلىۋەتكىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ئۈستىگىمۇ ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرىمىز ۋە ئۇلارنى ھالاك قىلىمىز، بىزنىڭ بۇنىڭغا قۇدرىتىمىز يېتىدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلىشىمىزدىن قورقمامدۇ؟ ئاسمانغا، زېمىنغا ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتقا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغان ۋە بىزگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن ھەر بەندە قۇدرىتىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىدۇ - دە، ئاخىرەتكە بولغان ئىمانى كۈچىيىدۇ. لېكىن بۇ كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇۋاتقان شۇنچە دەلىللەرگە دىققەت قىلمايدۇ، ئۇلارغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. وَلَقَدْ آتَيْنَا دَاوُودَ مِنَّا فَضْلًا ۖ يَا جِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُ وَالطَّيْرَ ۖ وَأَلَنَّا لَهُ الْحَدِيدَ
    بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن پەزل (يەنى پەيغەمبەرلىك، زەبۇر، تاغلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ بويسۇنۇشى، تۆمۈرنىڭ يۇمشاق بولۇپ بېرىشى، ساۋۇت ياساشنى بىلدۈرۈشلەر) ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» -دېدۇق-. تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز داۋۇتقا ئۆز تەرىپىمىزدىن پەزل ئاتا قىلدۇق: «ئى تاغلار! ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭا يۆنىلىڭلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق. — ئەنەس ئالىم

    داۋۇت بىزگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك، پادىشاھلىق، ھېكمەت، زەبۇر ئاتلىق كىتاب، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيەتلىرى قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلدۇق. جۈملىدىن تاغلار ۋە قۇشلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق؛ ئۇلارنى داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇپ: «ئى تاغلار! داۋۇد بىلەن بىللە ماڭا يۆنىلىڭلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار؛ داۋۇد ماڭا، ھەمدۇسانا، زىكىر - تەسبىھ ئېيتقاندا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭا ھەمدۇسانا ۋە زىكىر - تەسبىھ ئېيتىڭلار» دېدۇق. شۇنىڭدەك، بىز داۋۇدقا تۆمۈرنى يۇمشىتىپ بەردۇق ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. أَنِ اعْمَلْ سَابِغَاتٍ وَقَدِّرْ فِي السَّرْدِ ۖ وَاعْمَلُوا صَالِحًا ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    (بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق) «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا (ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە) تەكشى قىلغىن، (ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!) ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    -بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇق-كى، «مۇكەممەل ساۋۇتلارنى ياسىغىن، ساۋۇتلارنى ياساشتا ھالقىلىرىنى بىر ـ بىرىگە تەكشى قىلغىن، -ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر!- ياخشى ئىش قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا: «كەڭ ساۋۇتلار ياسىغىن، ئۇلارنىڭ توقۇلۇشىنى ئۆلچەملىك ۋە مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە ئېيتتۇق: «ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن». — ئەنەس ئالىم

    «ئى داۋۇد! بۇ يۇمشاق تۆمۈرلەردىن جەڭلەردە دۈشمەن زەربىسىدىن ساقلايدىغان كەڭ ساۋۇتلار ياسىغىن، ئۇلارنىڭ توقۇلۇشىنى ئۆلچەملىك قىلغىن؛ ئۇلارنىڭ ھالقىلىرىنى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ تەييارلىغىن ۋە ئۇلارنى بىر - بىرىگە مەزمۇت باغلىغىن، مۇستەھكەم ئۇلىغىن»، ئاندىن ئۇنىڭغا ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئېيتتۇق: «مەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار، مەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن ۋە يېقىندا ئۇلارنىڭ ھېسابىنى سىلەردىن ئالىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهْرٌ وَرَوَاحُهَا شَهْرٌ ۖ وَأَسَلْنَا لَهُ عَيْنَ الْقِطْرِ ۖ وَمِنَ الْجِنِّ مَنْ يَعْمَلُ بَيْنَ يَدَيْهِ بِإِذْنِ رَبِّهِ ۖ وَمَنْ يَزِغْ مِنْهُمْ عَنْ أَمْرِنَا نُذِقْهُ مِنْ عَذَابِ السَّعِيرِ
    سۇلايمانغا شامالنى (بويسۇندۇرۇپ بەردۇق)، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلايماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال چۈشتىن ئىلگىرى بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باساتتى، ئۇنىڭغا مىس چىقىدىغان بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، بەزى جىنلار رەببىنىڭ ئەمرى بويىچە سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى، ئۇلاردىن كىمكى بىزنىڭ ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. سۇلەيمان ئۇ شامال بىلەن چۈشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتەتتى. بىز يەنە ئۇنىڭغا مىس بۇلىقىنى ئېقىتىپ بەردۇق. جىنلارنىڭ بىر قىسمى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن كىم ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىدىن تېتىتىمىز. — ئەنەس ئالىم

    بىزنىڭ داۋۇدقا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتىمىز ئەنە شۇلاردۇر، بىزنىڭ ئۇنىڭ ئوغلى سۇلەيمانغا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتىمىزغا كەلسەك، بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. سۇلەيمان ئۇ شامال بىلەن چۈشتىن بۇرۇن ئادەتتىكى مېڭىشتا بىر ئايلىق، چۈشتىن كېيىن ئادەتتىكى مېڭىشتا بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتەتتى. شۇنىڭدەك، بىز سۇلەيمانغا مىس بۇلىقىنى ئېقىتىپ بەردۇق؛ مىس بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ئېرىپ بۇلاقتىن ئېقىپ چىقاتتى، سۇلەيمان ئۇ مىسلەردىن خالىغان نەرسىلىرىنى ياسايتتى. بىز يەنە سۇلەيمانغا جىنلارنىڭ بىر قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇ جىنلار بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا سۇلەيمان بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ جىنلاردىن كىم ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلسا، يەنى سۇلەيمانغا ئىتائەت قىلمىسا، بىز ئۇنىڭغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىدىن تېتىتاتتۇق؛ ئۇ جىنلاردىن سۇلەيمانغا ئىتائەت قىلمىغانلارنى شۇ چاغدا يالقۇنلۇق ئوت بىلەن جازالايتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (34-سۈرە سەبەئ، 13-ئايەت) جىن داۋۇت ۋە سۇلايمان
    يَعْمَلُونَ لَهُ مَا يَشَاءُ مِنْ مَحَارِيبَ وَتَمَاثِيلَ وَجِفَانٍ كَالْجَوَابِ وَقُدُورٍ رَاسِيَاتٍ ۚ اعْمَلُوا آلَ دَاوُودَ شُكْرًا ۚ وَقَلِيلٌ مِنْ عِبَادِيَ الشَّكُورُ
    ئۇلار سۇلايمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، (مىستىن ـ ئەينەكتىن ئاجايىپ) ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، (چوڭلۇقتىن) مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، (ئېيتتۇقكى) «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سۇلەيمانغا ئۇ خالىغان كاتتا سارايلارنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى، مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياسايتتى، -ئېيتتۇقكى،- «ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! شۈكۈر قىلىڭلار»، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئازدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆلدەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى. «ئى داۋۇد ئائىلىسى! ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار» دېدۇق. بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ جىنلار سۇلەيمان ئۈچۈن، سۇلەيمان خالىغان قەلئەلەرنى، ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭ لېگەنلەرنى ۋە چوڭلۇقىدىن مىدىرلىمايدىغان مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى. بىز سۇلەيمانغا بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ ئائىلسىگە «ئى داۋۇد ئائىلىسى! نېمەتلىرىمىزگە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن بىز بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار» دېدۇق. بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز. ئەسكەرتىش: «قەلئەلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مىھراب - محراب»نىڭ كۆپلۈكى «مەھارىب - محاريب» بولۇپ، تەپسىرلەردە ئۇ كەلىمە «قەلئە، ھەشەمەتلىك ساراي، مەسجىد، جامە، ئىبادەتخانا» دېگەن مەنىلەردە ئىزاھلىنىدۇ. «مىھراب»نىڭ لۇغەت مەنىسى دۈشمەن ھۇجۇمىغا قارشى جەڭ قىلىنىدىغان جاي دېگەن بولىدۇ، بۇ كەلىمىنىڭ ئىستىلاھىي مەنىسى بولسا، «دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سېپىل ۋە خەندەكلەر بىلەن ئورالغان ساراي» دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنىنى ئۇيغۇرچىدە «قەلئە» ياكى «قورغان» دېگەن بىرلا سۆز ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. فَلَمَّا قَضَيْنَا عَلَيْهِ الْمَوْتَ مَا دَلَّهُمْ عَلَىٰ مَوْتِهِ إِلَّا دَابَّةُ الْأَرْضِ تَأْكُلُ مِنْسَأَتَهُ ۖ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ الْجِنُّ أَنْ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ الْغَيْبَ مَا لَبِثُوا فِي الْعَذَابِ الْمُهِينِ
    سۇلايماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلايماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇت خەۋەردار قىلدى. سۇلايمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئۇلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلار خەۋەردار قىلدى. سۇلەيمان يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا قالمىغان بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سۇلەيماننى ۋاپات قىلدۇرغاندا، جىنلارغا ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن بىر ياغاچ قۇرتى ئاشكارىلاپ قويدى. سۇلەيمان يىقىلغاندا جىنلارنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلار خورلىغۇچى ئازابنىڭ ئىچىدە قالمىغان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم

    بىز سۇلەيماننىڭ ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلىپ ئۇنى ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرغان چېغىدا ۋاپات قىلدۇردۇق، ئۇنىڭ جەسىتى بىر مۇددەت شۇ پېتى قالدى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىشلەۋاتقان جىنلار ئۇنى «بىزگە قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىدى ۋە ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى، ئاندىن بىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز بىلەن بىر ياغاچ قۇرتى سۇلەيماننىڭ ھاسىسىنى يېدى، ھاسا ئاجىزلاپ سۇنۇپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ جەسىتى يەرگە يىقىلدى، شۇنىڭ بىلەن جىنلار سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ غەيبنى بىلگەن بولسا بۇ ئېغىر ئەمگەكنى شۇنچە ئۇزۇن مۇددەت قىلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، يەنى جىنلار غەيبنى بىلگەن بولسا ئىدى، سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنىمۇ ۋاقتىدا بىلگەن بولاتتى ۋە سۇلەيمان بۇيرۇغان ئىشلارنى دەرھال تاشلىغان بولاتتى. ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى پەيغەمبەر (داۋۇد بىلەن سۇلەيمان ئەلەيھىسسالاملار)نىڭ قىسسەلىرىنىڭ خۇلاسىسى ئىلگىرى ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  15. لَقَدْ كَانَ لِسَبَإٍ فِي مَسْكَنِهِمْ آيَةٌ ۖ جَنَّتَانِ عَنْ يَمِينٍ وَشِمَالٍ ۖ كُلُوا مِنْ رِزْقِ رَبِّكُمْ وَاشْكُرُوا لَهُ ۚ بَلْدَةٌ طَيِّبَةٌ وَرَبٌّ غَفُورٌ
    شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەۋمىگە ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك) دەلىل بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار، سول تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار بار ئىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «پەرۋەردىگارىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، (سىلەرنىڭ جايىڭلار) بەلەن جايدۇر، (سىلەرگە رىزىق بەرگەن پەرۋەردىگارىڭلار شۈكۈر قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەۋمىگە ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايىدا دەلىل بار ئىدى، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار، سول تەرىپىدە بىر تۈركۈم باغلار بار ئىدى. -ئۇلارغا ئېيتتۇقكى،- «رەببىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، سىلەرنىڭ جايىڭلار ئىنتايىن ياخشى جاي، رەببىڭلار مەغپىرەت قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەبەئـ قەۋمى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايىدا ئايەت بار ئىدى: ئوڭ ۋە سولدىن قورشاپ تۇرىدىغان ئىككى باغ. ئۇلارغا: «رەببىڭلار ئاتا قىلغان رىزىقتىن يەڭلار، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار. بۇ گۈزەل شەھەردۇر، رەببىڭلار مەغپىرەت قىلغۇچى رەبتۇر!» دېيىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلۇغلۇقىم بىلەن قەسەمكى، «سەبەئـ» ئاھالىسى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايىدا قۇدرەت ۋە رەھمىتىمنىڭ دەلىلى بار ئىدى: ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ئوڭ تەرىپىدىن بىر باغ، سول تەرىپىدىن بىر باغ قورشاپ تۇراتتى. ئۇلارغا: «سىلەرنى يوقتىن ياراتقان، باشقۇرۇۋاتقان ۋە سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىگەڭلار - ئاللاھ بەرگەن بۇ باغلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش بىلەن شۈكۈر قىلىڭلار. بۇ يۇرتۇڭلار تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى ساپ، سۈيى مول ۋە مەنزىرىسى كۆركەم گۈزەل شەھەردۇر، ئىگەڭلار - ئاللاھ شۈكۈر قىلغان بەندىسىگە مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە تېخىمۇ كۆپ نېمەت ئاتا قىلىدىغان زاتتۇر، شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۇنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تېخىمۇ كۆپ نېمىتىگە ئېرىشىڭلار » دېيىلدى. «سەبەئـ» - ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا (ھازىرقى يەمەن تەۋەلىكىگە) جايلاشقان بىر دۆلەتتۇر. ئۇنىڭ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى پادىشاھى بىر ئايال بولۇپ، ئۇ ئايال سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى بىلەن پۈتۈن دۆلەت ئەركانلىرىنى ئېلىپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا (پەلەستىنگە) كېلىپ تەسلىم بولغان ۋە ئىمان كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. فَأَعْرَضُوا فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ سَيْلَ الْعَرِمِ وَبَدَّلْنَاهُمْ بِجَنَّتَيْهِمْ جَنَّتَيْنِ ذَوَاتَيْ أُكُلٍ خَمْطٍ وَأَثْلٍ وَشَيْءٍ مِنْ سِدْرٍ قَلِيلٍ
    ئۇلار (شۈكۈردىن) باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق سەلنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز ـ تولا سىدرىلىق (يەنى ياۋا چىلانلىق) باغلارغا ئايلاندۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئەمما ئۇلار شۈكۈردىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق سەلنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك، يۇلغۇنلۇق، ئاز ـ تولا سىدرىلىق - يەنى ياۋا چىلانلىق - باغلارغا ئايلاندۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلار يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئەرىم كەلكۈنىنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىككى بېغىنى، ئىچىدە ئاچچىق مېۋىلىك دەرەخلەر، يۇلغۇنلار ۋە بىرئاز گىلاس دەرەخلىرى بولغان ئىككى باغقا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم

    لېكىن ئۇ «سەبەئـ» ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا «ئەرىم كەلكۈنى»نى ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئىككى بېغىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق، ئۇ باغلارنى ئاچچىق مېۋىلىك دەرەخلىرى، ھېچ مېۋىسى بولمىغان يۇلغۇنلىرى ۋە بىرئاز گىلاس دەرەخلىرى بولغان ئىككى ئۈنۈمسىز باغقا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. (34-سۈرە سەبەئ، 17-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب شۈكۈر
    ذَٰلِكَ جَزَيْنَاهُمْ بِمَا كَفَرُوا ۖ وَهَلْ نُجَازِي إِلَّا الْكَفُورَ
    ئۇلار كۇفرىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق جازالىدۇق، بىز پەقەت كۇفرىلىق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى كۇفرىلىق قىلغانلىقلىرى سەۋەبلىك مۇشۇنداق جازالىدۇق، بىز پەقەت كۇفرىلىق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى ئەنە شۇنداق جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار تۇزكورلۇق قىلغان ئىدى. بىز تۇزكورلاردىن باشقىسىنى جازالايمىزمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار نېمەتلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى ئەنە شۇ ئېغىر جازا بىلەن جازالىدۇق. بىز تۇزكورلاردىن باشقىسىنى بۇ شەكىلدە جازالايمىزمۇ؟ ياق، بىز ئاتا قىلغان نېمىتىمىزنى تارتىۋېلىپ ئورنىغا ئازاب ئەۋەتىش جازاسىنى، بىزگە ئىتائەت قىلماسلىق، ئەلچىلىرىمىزگە ئەگەشمەسلىك ۋە نېمەتلىرىمىزگە شۈكۈر قىلماسلىق قاتارلىق گۇناھلارنى قىلغان تۇزكورلارغىلا بېرىمىز، پەقەت ئۇلارنىلا بۇ شەكىلدە جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ وَبَيْنَ الْقُرَى الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا قُرًى ظَاهِرَةً وَقَدَّرْنَا فِيهَا السَّيْرَ ۖ سِيرُوا فِيهَا لَيَالِيَ وَأَيَّامًا آمِنِينَ
    ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان قىشلاقلار ئارىسىدا، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان (تۇتىشىپ كەتكەن) نۇرغۇن قىشلاقلارنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپىنى ئۆلچەملىك قىلدۇق (يەنى سەپەردە يېمەك ـ ئىچمەك ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدىغان، ئەتىگەن چىققان يولۇچى چۈشتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارسا، كەچتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارىدىغان قىلدۇق)، (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ ـ ئامان مېڭىڭلار!» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان قىشلاقلار ئارىسىدا، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان نۇرغۇن قىشلاقلارنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلار ئارسىدىكى مېڭىشنى ئۆلچەملىك قىلدۇق، -ئۇلارغا ئېيتتۇقكى،- «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ ـ ئامان مېڭىڭلار!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتلار ئارىسىدا بىر - بىرىگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يۇرتلارنى بەرپا قىلغان ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېرىش - كېلىشنى ئۆلچەملىك قىلىپ ئاسانلاشتۇرغان ئىدۇق ۋە ئۇلارغا: «بۇ يۇرتلارنىڭ ئىچىدە كېچىلىرى ۋە كۈندۈزلىرى خاتىرجەم مېڭىڭلار» دېگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز رەھمىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يەمەندىكى تۇرالغۇ جايلىرى ۋە بەرىكەتلىك شام دىيارى ئارىسىدا بىر - بىرىگە يېقىن باشقا يۇرتلارنى بەرپا قىلغان ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەپەر قىلىشنى ئۆلچەملەشتۈردۇق؛ سەپەر ئەسناسىدا يولۇچىلار چۈشۈپ قونۇپ ئۆتىدىغان ئۆتەڭلەر، يول بويى سۇ ۋە ئوتلاقلارنى بار قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇ جايلارنى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن، ئوغرى - يالغان ۋە قاراقچىلاردىن خالىي قىلدۇق، ئاندىن بۇلارنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە سۇندۇق ۋە ئۇلارغا: «بۇ يۇرتلارنىڭ ئىچىدە كېچىلىرى ۋە كۈندۈزلىرى، خالىغان چېغىڭلاردا، خالىغان يېرىڭلارغا خاتىرجەملىك ئىچىدە سەپەر قىلىڭلار» دېگەن بولدۇق. ئۇلار بۇ نېمەتلەر سايىسىدا ئەتىگىنى ئوزۇق - تۈلۈكسىز ھالدا يولغا چىقىپ چۈشتە بىر يۇرتقا ، ئۇ يەردە ئىستىراھەت قىلغاندىن كېيىن يولغا چىقىپ كەچتە بىر يۇرتقا خاتىرجەم ھالدا باراتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. فَقَالُوا رَبَّنَا بَاعِدْ بَيْنَ أَسْفَارِنَا وَظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ وَمَزَّقْنَاهُمْ كُلَّ مُمَزَّقٍ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى (يەنى ئۆتەڭلار ئارىسىدىكى مۇساپىنى) يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز (كېيىنكى كىشىلەرگە) قىسسە قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىتما - تىتما قىلىۋەتتۇق، بۇنىڭدا ھەر بىر (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «رەببىمىز! سەپەرلىرىمىز ئارىسىنى يىراق قىلغىن» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلارنى بىز كېيىنكىلەرگە چۆچەك قىلىپ قالدۇردۇق. ئۇلارنى تىرە-پىرەن قىلىۋەتتۇق، بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋرچان، نېمەتكە شۈكۈر قىلغۇچى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلار: «رەببىمىز! سەپەرلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرغىن» دېدى ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئىبرەتلىك قىسسەلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلۋەتتۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارغا ئەنە شۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدۇق، لېكىن ئۇلار ھەددىدىن ئېشىشتا ۋە ھاماقەتلىكتە ئەزۋەيلەپ: «رەببىمىز! سەپەرلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرغىن؛ يۇرتىمىز بىلەن بەرىكەتلىك مەككە ۋە شام دىيارى ئارىسىدا چۆل - باياۋانلار بار قىلغىن، بىز سەپەر قىلماقچى بولساق ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ يولغا چىقايلى، يول ئۈستىدە قورقۇنچ ئىچىدە ماڭايلى» دېدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يامانلىق تىلەش ۋە كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەتلىك قىسسەلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتۇق؛ ئۇلار «ئەرىم كەلكۈنى»دىن كېيىن پاراۋان تۇرمۇشلىرىدىن ئايرىلىپ ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى ۋە ئۇلاردىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن قەۋملەر ئۆز سورۇنلىرىدا ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلىشىدىغان بولدى. توغرا يول ئۈستىدە يولۇققان كۈلپەت ۋە مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىدىغان، نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىدىغان كىشىلەر ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ۋە نەسىھەتلەر ئالىدۇ. «ئەرىم» - ئاللاھ تائالا سەبەئـ ئاھالىسىنى جازالاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن چوڭ كەلكۈندە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن توسما بولۇپ، ئۇ قەدىمكى زامانلاردا ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا قۇرۇلغان «سەبەئـ خانلىقى»نىڭ پايتەختى «مېئرىب» ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئەرەبلەر دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرىنى يۈرۈتۈش ئۈچۈن سالغان چوڭ سۇ ئامىرىنىڭ توسمىسىنى يەنى «مېئرىب سەددى (سېپىلى)» دەپ ئاتىلىدىغان توسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ توسما توسۇپ تۇرغان سۇنى قويۇپ بېرىش بىلەن ئۇ ئاھالىنى جازالىغان، شۈنىڭ بىلەن ئۇ رايون چۆلگە ئايلىنىپ، خەلقى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتكەن ۋە ئىزى ئۆچۈپ ئىنسانلارنىڭ ئېغىزلىرىدا پەقەت قىسسەلىرىلا قالغان. «ئەرىم كەلكۈنى» - مەزكۇر توسمىنىڭ يىقىلىشى بىلەن ئېقىپ كەلگەن سەلنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. وَلَقَدْ صَدَّقَ عَلَيْهِمْ إِبْلِيسُ ظَنَّهُ فَاتَّبَعُوهُ إِلَّا فَرِيقًا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
    ئىبلىس ئۇلارنى (ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت) گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۆمىنلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبلىس ئۇلارغا بولغان گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى؛ بىر تۈركۈم مۇئمىنلاردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبلىس ئۆزىنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى پەرىزىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغان بولدى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۇئمىندىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئىبلىس ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىش توغرىسىدىكى ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلىپ ئىلاھىي ھۇزۇردىن قوغلانغان چېغىدا، ئادەمنىڭ نەسلىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرىدىغانلىقىنى ئويلىغان، شۇنداقلا بۇ ئويىنى ئاللاھقا ئېيتقان. نەتىجىدە ئىبلىس ئۆزىنىڭ ئىنسانلار ھەققىدىكى ئەنە شۇ ئوي ۋە پەرىزىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرغان بولدى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۇئمىندىن باشقا كۆپچىلىك ئىنسان ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئى مۇھەممەد! قىيامەتنى ئىنكار قىلغان ۋە ساڭا قارشى چىققان ئەنە شۇ كافىرلار ئىبلىسكە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان، شۇنداقلا ئىبلىسنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىققان ئادەملەردۇر. ئاز ساندىكى مۇئمىنلار بولسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئىبلىسنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. وَمَا كَانَ لَهُ عَلَيْهِمْ مِنْ سُلْطَانٍ إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يُؤْمِنُ بِالْآخِرَةِ مِمَّنْ هُوَ مِنْهَا فِي شَكٍّ ۗ وَرَبُّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ حَفِيظٌ
    ئىبلىسنىڭ ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئۈستىدىن (ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن) ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەت بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر. پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى ئىبلىسنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىقى يوق ئىدى. لېكىن بۇ، بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر، رەببىڭ ھەممە نەرسىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئىبلىس ئۇلارغا ھېچ بېسىم ئىشلەتمىگەن ئىدى. لېكىن بىز ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلارنى ئۇ توغرۇلۇق شۈبھە ئىچىدە بولغانلاردىن ئايرىپ بىلىشنى خالىدۇق. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئىبلىسنىڭ ئۇ كافىرلارنى كۇفىرىلىققا ۋە ئاسىيلىققا زورلىغىنى يوق، ئەكسىچە ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ نەسلى ئىنسانلارغا گۇناھ قىلىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، دەۋەت قىلدى ۋە ئۇلارنى گۇناھقا قىزىقتۇردى، ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇ شەيتانلارغا ئەگەشتى. بىز ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلارنى ئاخىرەت ھەققىدە شۈبھە قىلىدىغانلاردىن ئايرىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى خالىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىبلىسكە ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە بۇ پۇرسەتنى بەردۇق. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، مۇئەككەل پەرىشتىلىرىگە يازدۇرۇپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنداقلا ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (34-سۈرە سەبەئ، 22-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى شېرىك
    قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ وَمَا لَهُمْ فِيهِمَا مِنْ شِرْكٍ وَمَا لَهُ مِنْهُمْ مِنْ ظَهِيرٍ
    ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ مەبۇد دەپ قارىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۇلار ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاسمان ـ زېمىننىڭ (يارىتىلىشى ۋە باشقۇرۇلۇشىدا ئاللاھقا) ھېچ شېرىكچىلىگى يوق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا (ئاسمان ـ زېمىننى ئىدارە قىلىشتا ياردەملىشىدىغان) ھېچ ياردەمچىمۇ يوق» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن مەبۇد دەپ قارىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۇلار ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاسمان ـ زېمىن توغرىسىدا ھېچقانداق شېرىكچىلىگى يوق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ياردەمچىسىمۇ يوق» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار، ئۇلار ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ھېچ شېرىكچىلىكى يوقتۇر. ئاللاھنىڭ ئۇلاردىن ھېچبىر ياردەمچىسى يوقتۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر، مەدەت تىلىگەنلەرگە پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە زىياندىن ساقلايدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنى، بېشىڭلارغا بالا - مۇسىبەت كەلگەندە ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ بېقىڭلار قېنى! ئۇلار سىلەرگە قىلچە ياردەم قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلەن ھېچقانداق شېرىكچىلىكى يوق؛ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئاللاھ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلاردا ئاللاھ بىلەن ھېچبىر ئورتاقلىقى يوق. بۇ ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرىنىڭ ئاللاھقا ياردەم قىلغىنىمۇ يوق. ئۇنداقتا، ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر شەيئى ۋە ھېچبىر شەخس ئىبادەت قىلىنىشقا، چوقۇنۇلۇشقا ۋە ئىلتىجا قىلىنىشقا لايىق ئەمەس». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (34-سۈرە سەبەئ، 23-ئايەت) شاپائەت ئىلاھىي ئىرادە ھەق
    وَلَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ عِنْدَهُ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُ ۚ حَتَّىٰ إِذَا فُزِّعَ عَنْ قُلُوبِهِمْ قَالُوا مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ ۖ قَالُوا الْحَقَّ ۖ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ
    ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرۇلۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۆمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. تاكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئاندىن ئۇلار: «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار جاۋابەن: «توغرى بولغاننى دېدى» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، ئاللاھ رۇخسەت بەرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە شافائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ[1]. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە بىر - بىرىدىن: «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەپ سورايدۇ. جاۋاب بەرگەنلەر: «ھەقنى دېدى، ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا سەپ بولۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئەزىمىتى ئالدىدا ئەيمىنىپ ھېچكىم ھېچكىمگە شافائەت قىلىش توغرىسىدا گەپ ئېچىشقا پېتىنالمايدۇ، پەقەت ئاللاھ شافائەت قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن كىشىلەر ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگە شافائەت قىلىدۇ ۋە ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگە شافائەتنىڭ پايدىسى بولىدۇ. ئەمما بۇ كافىرلاردىن ئاللاھ رازى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا شافائەت قىلىشقا ھېچكىمگە رۇخسەت بەرمەيدۇ، ھېچكىم ئۇلارغا شافائەت قىلمايدۇ، نەتىجىدە بۇ كافىرلار ھەرگىزمۇ شافائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ چاغدا ئاللاھ بەزىلەرگە شافائەت توغرىسىدا رۇخسەت بەرگەندە، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاتتىق قورقۇپ كېتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار: «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەيدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «رەببىڭلار ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرگە شافائەت قىلىشىڭلار توغرۇلۇق سىلەرگە رۇخسەت بەردى، رەببىڭلارنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە ھۆكمى ئادىلدۇر؛ كىمنىڭ نېمىگە لايىق بولغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى تېگىشلىك بولغان ئاقىۋەتكە يەتكۈزىدۇ» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (34-سۈرە سەبەئ، 24-ئايەت) رىزىق مۇنازىرە ۋە دەتالاش
    قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ وَإِنَّا أَوْ إِيَّاكُمْ لَعَلَىٰ هُدًى أَوْ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن كىم رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ)، شۈبھىسىزكى، بىز ياكى سىلەر چوقۇم ھىدايەتتىدۇرمىز، يا روشەن گۇمراھلىقتىدۇرمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن كىم رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ، شۈبھىسىزكى، بىز ياكى سىلەر چوقۇم ھىدايەتتىدۇرمىز ۋە ياكى روشەن گۇمراھلىقتىدۇرمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟». ئېيتقىنكى: «ئاللاھتۇر. شۈبھىسىزكى، بىز يا سىلەر - ئىككىمىزدىن بىرىمىز چوقۇم توغرا يولدىدۇر ياكى ئاشكارا ئازغۇنلۇقتىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھنى قويۇپ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇۋاتقان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرگە، ئاسمانلاردىن سۈ چۈشۈرۈش، شامال ئەۋەتىش، زېمىندىن ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ ئاشلىق، كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى يېتىشتۈرۈش، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يېتىشتۈرۈپ سىلەرنى گۆش - ياغ ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى... قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟». ئۇلار رىزىقنى ئاللاھنىڭ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن تەرسالىق قىلىپ جاۋاب بەرمىسە سەن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاسمان - زېمىندىن سىلەرگە بېرىۋاتقان ئاللاھتۇر! ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ ئاللاھقا چوقۇنۇۋاتقان بىز (مۇسۇلمانلار جامائەسى) ياكى ئۆزۈڭلارغا رىزىق بېرىۋاتقان ئاللاھنى قويۇپ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇۋاتقان سىلەر - ئىككى تەرەپتىن بىرى چوقۇم توغرا يولدىدۇر، يەنە بىرى ئاشكارا ئازغۇنلۇقتىدۇر. بىز ئەنە شۇ ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە ئاللاھقا چوقۇنۇۋاتىمىز، سىلەر ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىسىلەر. ئۇنداقتا، بىز توغرا يولدىدۇرمىز، سىلەر ئازغۇنلۇقتا». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (34-سۈرە سەبەئ، 25-ئايەت) ھىساب
    قُلْ لَا تُسْأَلُونَ عَمَّا أَجْرَمْنَا وَلَا نُسْأَلُ عَمَّا تَعْمَلُونَ
    ئېيتقىنكى، «بىزنىڭ قىلغان گۇناھىمىز ئۈچۈن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن بىز سوراققا تارتىلمايمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «بىزنىڭ قىلغان جىنايىتىمىز ئۈچۈن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن بىز سوراققا تارتىلمايمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزدىن سىلەر جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن بىز جاۋابكارلىققا تارتىلمايمىز». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «قىيامەت كۈنى ھېچبىرىمىز يەنە بىرىنىڭ قىلمىشىدىن جاۋابكار ئەمەس، ئەكسىچە ھەربىرىمىز ئۆز قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ؛ ئەگەر بىز گۇناھ قىلغان بولساق قىيامەت كۈنى بۇ گۇناھىمىزدىن سىلەر جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر. شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىڭلاردىن ۋە يامان ئىشلارنى قىلىشىڭلاردىن بىز جاۋابكارلىققا تارتىلمايمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (34-سۈرە سەبەئ، 26-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    قُلْ يَجْمَعُ بَيْنَنَا رَبُّنَا ثُمَّ يَفْتَحُ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَهُوَ الْفَتَّاحُ الْعَلِيمُ
    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمىز بىزنى (قىيامەت كۈنى) يىغىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «رەببىمىز بىزنى قىيامەت كۈنى يىغىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «رەببىمىز قىيامەت كۈنى ھەممىمىزنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن ئارىمىزدا ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «رەببىمىز - ئاللاھ قىيامەت كۈنى بىزنى ۋە سىلەرنى مەھشەرگاھقا يىغىدۇ، ئاندىن ئارىمىزدا ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. رەببىمىز - ئاللاھ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغۇچى ۋە ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگۈچىدۇر، شۇنداقلا ھەربىرىمىزنى لايىق بولغان ئاقىۋەتكە يەتكۈزگۈچىدۇر، ئۇ چاغدا سىلەر قايسىمىزنىڭ دۇنيادا توغرا يولدا ماڭغانلىقىمىزنى تونۇپ يېتىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (34-سۈرە سەبەئ، 27-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى شېرىك
    قُلْ أَرُونِيَ الَّذِينَ أَلْحَقْتُمْ بِهِ شُرَكَاءَ ۖ كَلَّا ۚ بَلْ هُوَ اللَّهُ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ئېيتقىنكى، «ماڭا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىۋالغىنىڭلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ ـ ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ماڭا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىۋالغىنىڭلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى كۆرسىتىپ بېقىڭلار. ھەرگىزمۇ كۆرسىتەلمەيسىلەر! ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ماڭا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى كۆرسىتىپ بېقىڭلار، ھەرگىزمۇ كۆرسىتەلمەيسىلەر، چۈنكى ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك بولالايدىغان ھېچ نەرسە يوق! ئەكسىچە ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر، چۈنكى ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىدۇر؛ خالىغىنىنى خالىغىنى بويىچە ياراتقۇچىدۇر، ھەر پىلانىنى پۇختا، ھەر ئىشىنى مۇكەممەل ۋە مۇئەييەن مەقسەت بىلەن قىلغۇچىدۇر، ھەر سۆزى راست، ھەر ئىشى توغرا ۋە ھەر ھۆكمى ئادىل يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر». دەرۋەقە مۇشرىكلار ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى ۋە كائىناتنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلاتتى، لېكىن ئۇلار بۇتلارغا ۋە خىيالىي ئىسىملارغا، «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ»، «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شافائەت قىلىدۇ» دېگەن خام خىياللار بىلەن چوقۇناتتى، ئاللاھ تائالاغا قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىبادەتنى ئۇلارغا قىلاتتى. ئۇلار بو توغرىدا ھېچ دەلىلگە ئاساسلانمايتتى. ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلاردىن شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ 24 ~ 27 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلاردىن بەزى سوئاللارنى سوراشقا ۋە ئۇلارغا بەزى ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە تەۋھىدكە دەۋەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ياشاتقۇچىسى دەپ قوبۇل قىلغان بىزگە (ئاللاھقا) قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرىدۇ؟! بىزنىڭ ئەلچىمىز بولغان ساڭا قانداقمۇ قارشى چىقىدۇ؟! ھالبۇكى، بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىشىڭ ۋە قوبۇل قىلىپ ماڭغان تەقدىردە ئۇ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنى بولغان يولنى كۆرسىتىشىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يانمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇشىڭ ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەۋاتىدۇ، ساڭا قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقان ئادەمگە قارشى چىقىش، ئۇنى دۈشمەن بىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىش نېمىدېگەن چوڭ ھاماقەتلىك! نېمىدېگەن چوڭقۇر جاھالەت! ئى مۇھەممەد! ئۇلار ساڭا قارشى چىقسا چىقىۋەرسۇن؛ ئۇلارنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدە ۋە قۇرئان ھەققىدە ئېيتقان ناشايان سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن. سەن بىزنىڭ ئەلچىمىزسەن، ۋەزىپەڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلغانلارغا خۇش خەۋەر، قوبۇل قىلمىغانلارغا شۇم خەۋەر بېرىشتۇر. سەن ۋەزىپەڭنى ئورۇندىغىن، ھەقىقەتنى ئاڭلىغانلاردىن خالىغان كىشى قوبۇل قىلسۇن، خالىغان كىشى ئىنكار قىلسۇن، بىز قىيامەت كۈنى ھەممىنى ھۇزۇرىمىزغا يىغىپ ھېساب ئالىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (34-سۈرە سەبەئ، 29-ئايەت) ھىساب
    وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى سىلەر بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئازاب) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    كافىرلار، جۈملىدىن ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ جازاغا يولۇقىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلاپ ۋە مەسخىرە قىلىپ مۇئمىنلارغا: «ئەگەر بۇ سۆزۈڭلار توغرا بولىدىغان بولسا، سىلەر بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟»؛ «سىلەر بىزنى، ئىمان كەلتۈرۈپ سېپىڭلارغا قوشۇلمىساق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىمىزدىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتىسىلەر. ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، قېنى!» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سوئالىغا ھەر قېتىم تېگىشلىك جاۋاب بېرىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (تۆۋەندىكى ئايەتتىمۇ) ئۇلارغا جاۋاب بېرىلىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (34-سۈرە سەبەئ، 30-ئايەت) ھىساب
    قُلْ لَكُمْ مِيعَادُ يَوْمٍ لَا تَسْتَأْخِرُونَ عَنْهُ سَاعَةً وَلَا تَسْتَقْدِمُونَ
    ئېيتقىنكى، «سىلەرگە (ئازاب ئۈچۈن) ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن كۈنۈڭلار بار. ئۇنىڭدىن قىلچە كېچىكىپمۇ قالمايسىلەر، ئالدىغا ئۆتۈپمۇ كەتمەيسىلەر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ ئىلاھىي جازاغا يولۇقىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ بىر كۈن بەلگىلىگەن. جازالىنىشىڭلار ئۇ كۈندىن كېينگىمۇ قالمايدۇ، ئۇ كۈندىن ئىلگىرىمۇ بولمايدۇ، ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ دەرھال تەۋبە قىلىڭلار ۋە ئۇ كۈندە مەڭگۈ ئازاب چېكىش جازاسى بىلەن جازالانماسلىق ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَنْ نُؤْمِنَ بِهَٰذَا الْقُرْآنِ وَلَا بِالَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ ۗ وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الظَّالِمُونَ مَوْقُوفُونَ عِنْدَ رَبِّهِمْ يَرْجِعُ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ الْقَوْلَ يَقُولُ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا لَوْلَا أَنْتُمْ لَكُنَّا مُؤْمِنِينَ
    كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ)، ئاجىزلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) كۈچلۈكلەر (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر) گە: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ، بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار: «بىز بۇ قۇرئانغىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى كىتابلارغىمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى. سەن بۇ زالىملارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا گۇناھنى بىر - بىرىگە ئارتىپ جېدەللىشىدۇ: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار، بىز ئەلۋەتتە مۇئمىن بولاتتۇق» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەتنى ئىنكار قىلغان كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ ھېچبىر ئىلاھىي كىتابقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ: «بىز مۇھەممەد ‹قۇرئان› دەۋالغان سۆزلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشەنمەيمىز، ئاللاھنىڭ ئۆتمۈشتە نازىل قىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان تەۋرات ۋە ئىنجىللەرگىمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى. ئى مۇھەممەد! سەن بۇ زالىملارنىڭ ئۆزلىرى رەببىمىز دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن توختىتىلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىك مەنزىرە كۆرگەن بولاتتىڭ؛ ئۇلار ئۇ چاغدا چارىسىزلىك ۋە خورلۇق ئىچىدە گۇناھنى بىر - بىرىگە ئارتىپ جاڭجاللىشىدۇ: دۇنيادىكى چاغلىرىدا بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا، ئاجىز سانالغانلار ئۆزلىرىنى كۈچلۈك ھېسابلىغانلارغا ۋە ئەگەشكەنلەر ئەگىشىلگەنلەرگە: «ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار، بىزنى يامان يولغا باشلىمىغان بولساڭلار ۋە بىزنى ئۆزۈڭلارغا ئەگەشتۈرمىگەن بولساڭلار، بىز چوقۇم مۇئمىن بولاتتۇق» دەيدۇ. مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن، تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتەتتى؛ ئۇلار بەزىدە: «مۇھەممەد پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرگە ئوخشاش مۆجىزىلەر بېرىلمىدى؟» دەيتتى، بەزىدە مۇنداق دەيتتى: «ئى مۇھەممەد! سەن بىزگە زېمىندىن بىر بۇلاق ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغۇچە، ياكى سېنىڭ خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك بېغىڭ بولۇپ سەن ئۇ باغنىڭ ئارىسىدىن ئۆستەڭلەرنى ئېقىتمىغۇچە، ياكى دەۋا قىلغىنىڭدەك سەن ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچىلار ھالىتىدە چۈشۈرمىگىچە، ياكى سەن ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلمىگىچە، ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولمىغۇچە، ياكى سەن ئاسمانغا چىقمىغىچە بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز. سەن بىزگە ئاسماندىن بىز ئوقۇيدىغان بىرەر كىتاب ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز». شۇنىڭدەك، ئۇلار بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانلاردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى باھانە قىلاتتى. ئۇلار بەزىدە تەرسالىقتا ئەزۋەيلەپ (بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك) ئۆزلىرىنىڭ ھېچبىر ئىلاھىي كىتابقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ھەر قېتىمدا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ ئۇلار قىيامەت كۈنى دۇچار بولىدىغان ئاقىۋەتنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (34-سۈرە سەبەئ، 32-ئايەت) ھىساب كىبىر ئادالەتسىزلىك
    قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا أَنَحْنُ صَدَدْنَاكُمْ عَنِ الْهُدَىٰ بَعْدَ إِذْ جَاءَكُمْ ۖ بَلْ كُنْتُمْ مُجْرِمِينَ
    كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ ھەرگىز توسمىدۇق، سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە توغرا يول كۆرسىتىلگەندە سىلەرنى ئۇنىڭدىن بىز توستۇقمۇ؟ ياق، بەلكى ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلاتتىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ؛ ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلار ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ: «ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار، بىزنى يامان يولغا باشلىمىغان بولمىساڭلار ۋە بىزنى ئۆزۈڭلارغا ئەگەشتۈرمىگەن بولساڭلار، بىز چوقۇم مۇئمىن بولاتتۇق» دېگەن سۆزىگە: «سىلەرگە توغرا يول كۆرسىتىلگەندە سىلەرنى ئۇ يولدىن بىز توستۇقمۇ؟ ياق، ئەكسىچە ئۆزۈڭلار ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن گۇمراھلىقنى تاللىدىڭلار، ئۆز ئەركىنلىكىڭلار بىلەن گۇناھكار بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. وَقَالَ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا بَلْ مَكْرُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَا أَنْ نَكْفُرَ بِاللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ وَجَعَلْنَا الْأَغْلَالَ فِي أَعْنَاقِ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ بىزگە كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار بىزنى ئىماندىن توستى؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھ نى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىلا بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ياق، بىزنى سىلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار ئىماندىن توستى. سىلەر بىزنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە بەزى كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادا بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا، ئەگەشكۈچىلەر ئەگىشىلگەنلەرگە ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرگە: «ياق، سۆزۈڭلار توغرا ئەمەس، سىلەر بىزنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كېچە - كۈندۈز كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرۇشقا دەۋەت قىلاتتىڭلار، پەرقلىق ئۇسلۇبلار بىلەن بىزدىن شېرىك كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلاتتىڭلار، بىزنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىمىزنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرەتتىڭلار ۋە بۈگۈن مۇكاپاتلىنىشقا لايىق بولغانلارنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى سۆز - ھەرىكەتلىرىڭلار بىلەن ئىپادىلەيتتىڭلار، بىز سىلەرنىڭ بۇ ھىيلە - نەيرەڭ ۋە ياغلىما گەپلىرىڭلارغا ئالدىنىپ ئىمان كەلتۈرمىگەن ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە مۇنازىرىلىشىشتىن توختايدۇ ۋە ھەر تەرەپ دۇنيادا كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلمىغانلىقىغا ھەسرەت - نادامەت چېكىدۇ. بىز ئۇ ئەسنادا ئۇ كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز ۋە دوزاخقا تاشلايمىز. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. ئەسكەرتىش: دۇنيادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى يېتەكچىلەر، يەنە بىرى ئەگەشكەنلەر، يېتەكچىلەر تەكەببۇر ۋە تەرسا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر نادان ۋە تەقلىدچى بولىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇلغان ۋە دوزاخقا تاشلانغان چېغىدا، قىيامەتنىڭ ھەر ساھەسىدە ھەسرەت - نادامەت چېكىدۇ ۋە ھەر پۇرسەتتە ئىككى تەرەپ دەتالاش قىلىشىدۇ، لېكىن ئۇ ھەسرەت - نادامەت ۋە دەتالاشلارنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
    قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كافىرلارنىڭ تەنە - ھاقارەت قىلىشلىرىغا ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشلىرىگە قايغۇرمىغىن، مەيۈسلەنمىگىن، خاپا بولۇپ كەتمىگىن، چۈنكى كافىرلارنىڭ پەيغەمبەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشى بۇرۇندىن تارتىپ بار ئىشتۇر؛ ئۆتمۈشتە بىز قانداقلا يۇرتقا پەيغەمبەر ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ باشاياتچىلىققا چۆمگەن كاتتىباشلىرى ئۆزىگە كەلگەن پەيغەمبەرگە: «ئى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىۋاتقان ئادەم! بىز سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشەنمەيمىز، ساڭا ئەگەشمەيمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. وَقَالُوا نَحْنُ أَكْثَرُ أَمْوَالًا وَأَوْلَادًا وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
    ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئەڭ كۆپ، بىز ئازابلانمايمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز كۆپ، بىز ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغان كىشىلەر ئەمەس» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    قۇرئانغىمۇ، ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بۇ كافىرلار مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز كۆپتۇر. ئى مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنگەن ئادەملەر! ئەگەر بىز سىلەر دەۋا قىلغاندەك ئازغۇن كىشىلەر بولغان بولساق، ئاللاھ بىزگە بۇ مال - مۈلۈكلەرنى ۋە بالىلارنى بەرمىگەن بولاتتى. دېمەككى، ئاللاھ بىزنى سۆيىدۇ، ئاللاھ بىزدىن رازى. ئاللاھ بىزنى سۆيگەنلىكى ۋە بىزدىن رازى بولغانلىقى ئۈچۈن بىزگە ھەرگىزمۇ ئازاب قىلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (34-سۈرە سەبەئ، 36-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى رىزىق
    قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم كىمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (كىمنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ھەقىقەتەن، رەببىم كىمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، كىمنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى تار قىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «مېنىڭ رەببىم رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، تار قىلىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ، بىر كىشىنىڭ رىزقىنىڭ كەڭلىكى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىن رازى بولغانلىقىغا، بىر كىشىنىڭ رىزقىنىڭ تارلىقى ئاللاھنىڭ غەزەپ قىلغانلىقىغا دەلىل بولمايدۇ. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ؛ بايلىق، پېقىرلىق، بالىلىق بولۇش ۋە بالىسى بولماسلىق قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەربىرى بىرەر سىناق ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئويلىمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. وَمَا أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ بِالَّتِي تُقَرِّبُكُمْ عِنْدَنَا زُلْفَىٰ إِلَّا مَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَٰئِكَ لَهُمْ جَزَاءُ الضِّعْفِ بِمَا عَمِلُوا وَهُمْ فِي الْغُرُفَاتِ آمِنُونَ
    ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتنىڭ) ئېسىل ئۆيلىرىدە (ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلار مۇستەسنا. ئەنە شۇلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار جەننەتنىڭ ئېسىل ئۆيلىرىدە ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن خاتىرجەم بولغان ھالدا تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارمۇ، بالىلىرىڭلارمۇ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا سىلەرگە يېقىنلىق قازاندۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغان كىشى مۇستەسنا، ئەنە شۇلارغا ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، ئۇلار ئالىي سارايلاردا خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى كافىرلار! سىلەرنىڭ نە ماللىرىڭلار، نە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئالاھىدىكىڭلار ئەمەس. لېكىن ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىش قىلغان كىشىلەرنىڭ ئىمانى ۋە ياخشى ئەمەللىرى ئۇلارنى بىزگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. بىز ئەنە شۇ كىشىلەرگە ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى ھەسسىلەپ بېرىمىز، ئۇلارنى جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرىدا خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىتىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. وَالَّذِينَ يَسْعَوْنَ فِي آيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَٰئِكَ فِي الْعَذَابِ مُحْضَرُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار ئازابقا دۇچار قىلىنغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار ئازابقا دۇچار قىلىنغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى كېرەكسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار ئازابقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى كافىرلار! بۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئايەتلىرىمىزنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە بەرگەن مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارغا قارشى چىقىپ تەسىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە ھېسابنى تەس بېرىدۇ، دوزاخقا تاشلىنىپ قاتتىق قىينىغۇچى ۋە ناھايىتى خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. جۈملىدىن سىلەرمۇ ناۋادا ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلماي كافىر ھالىتىڭلار بىلەن ئۆلۈپ كەتسەڭلار سىلەرمۇ ئەنە شۇ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىسىلەر. ئەگەر تەۋبە قىلىپ مۇئمىنلارنىڭ سېپىگە قوشۇلساڭلار مۇئمىنلارنىڭ قاتارىدا مۇكاپاتلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (34-سۈرە سەبەئ، 39-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات رىزىق زاكات
    قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ ۚ وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
    ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ھەقىقەتەن، رەببىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، -قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى- تار قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «مېنىڭ رەببىم رىزىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يولىدا نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھېكمىتى بويىچە بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. شۇڭلاشقا پېقىر بولۇپ قېلىشتىن قورقماي ياخشى ئىشلارغا پۇل - مال چىقىم قىلىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ياخشى ئىشلارغا پۇل - مال چىقىم قىلىش ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. سىلەر نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ھەتتا سىلەرگە بەرگىنىڭلاردىن كۆپ بېرىدۇ. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر؛ ئاللاھ ئويلىمىغان يېرىڭلاردىن سىلەرگە رىزىق بېرىدۇ». ئەسكەرتىش: 37 - ئايەت بىلەن بۇ (39 -) ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، مال ۋە بالا ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىغان نەرسە ئەمەس، لېكىن مالنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىش، بالىنى ياخشى تەربىيەلەش ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. (34-سۈرە سەبەئ، 40-ئايەت) ھىساب پەرىشتىلەر شېرىك
    وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ يَقُولُ لِلْمَلَائِكَةِ أَهَٰؤُلَاءِ إِيَّاكُمْ كَانُوا يَعْبُدُونَ
    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «بۇ كىشىلەر سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «بۇ كىشىلەر سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «شۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە شۇنى بايان قىلغىنكى: بۇ دۇنيادا چوقۇنغان، چوقۇنۇلغان، بوزەك قىلىنغان ۋە چوڭچىلىق قىلغان بارلىق مۇشرىكلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ مەھشەرگاھقا يىغىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن، ئۇلار خىيالىي ھەيكەللىرىنى ياساپ ‹بىزگە شافائەت قىلىدۇ› دەپ چوقۇنغان پەرىشتىلەرگە: «ئەنە شۇلار دۇنيادىكى چېغىدا سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟ يەنى ئۇلار دۇنيادا سىلەرگە سىلەرنىڭ بۇيرۇقۇڭلار بىلەن چوقۇندىمۇ؟ ئۇلارنى سىلەرگە چوقۇنۇشقا سىلەر بۇيرۇدۇڭلارمۇ؟ ئۇلار سىلەرنىڭ بۇيرۇقۇڭلارغا بويسۇنۇپ مۇشرىك بولدىمۇ؟» دەپ سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (34-سۈرە سەبەئ، 41-ئايەت) شېرىك
    قَالُوا سُبْحَانَكَ أَنْتَ وَلِيُّنَا مِنْ دُونِهِمْ ۖ بَلْ كَانُوا يَعْبُدُونَ الْجِنَّ ۖ أَكْثَرُهُمْ بِهِمْ مُؤْمِنُونَ
    ئۇلار ئېيتىدۇ: «سەن پاكتۇرسەن، بىزنىڭ دوستىمىز ئۇلار ئەمەس، سەن. (ئۇلار بىزگە چوقۇنمايتتى) بەلكى جىنغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنغا ئىمان كەلتۈرەتتى» — مۇھەممەد سالىھ

    پەرىشتىلەر : «سەن پاكتۇرسەن، بىزنىڭ دوستىمىز ئۇلار ئەمەس، سەندۇرسەن. بەلكى ئۇلار جىنغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنغا ئىمان كەلتۈرەتتى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    پەرىشتىلەر مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېنى ئۇلۇغ دەپ بىلىمىز، بىزنىڭ ۋەلىيىمىز ئۇلار ئەمەس، سەندۇرسەن. ئۇلار بىزگە ئەمەس، جىنلارغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئىدى». — ئەنەس ئالىم

    پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇ سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «يارەب! سەن ئۇلۇغ ۋە پاكتۇرسەن. بىز سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇرمىز، سەندىن غەيرىيگە چوقۇنۇش، سېغىنىش، تېۋىنىش ۋە سەندىن غەيرىينى ئۆزىمىزگە ھامىي قىلىۋېلىش بىزگە لايىق ئەمەس. بىز بىراۋنى قانداقمۇ سېنى قويۇپ بىزگە چوقۇنۇشقا چاقىرايلى! ئۇلارنى بىزگە چوقۇنۇشقا بىز بۇيرۇمىدۇق، بىز ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ بىزگە چوقۇنۇشىدىن ئادا - جۇدامىز. بىزارمىز، بىزنىڭ دوستىمىز ئۇلار ئەمەس سەندۇرسەن يارەب! ئۇلار بىزگە ئەمەس ئەكسىچە شەيتانلارغا چوقۇناتتى؛ شەيتانلار ئۇلارنى شېرىك كەلتۈرۈشكە ۋە كۇفرىلىق قىلىشقا بۇيرۇيتتى، ئۇلار شەيتانلارنىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلاتتى، كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن بۇيسۇناتتى، شۇنداقلا شېرىك كەلتۈرۈشتە ۋە كۇفرىلىق قىلىشتا ئەزۋەيلەيتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى شەيتانلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنەتتى». ئەسكەرتىش: پەرىشتىلەرنىڭ: «ئۇلار بىزگە ئەمەس ئەكسىچە شەيتانلارغا چوقۇناتتى»، «ئۇلارنىڭ تولىسى شەيتانلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنەتتى» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ شەيتانلارغا چوقۇنغانلىقىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئىماننى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئىبادەت ئاشكارا ئىشتۇر، ئىمان دىلدىكى سىردۇر. پەرىشتىلەر ئېيتىلغان سۆزنى ۋە قىلىنغان ئىشنى بىلىدۇ، دىلدىكى سىرنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا مۇشرىكلارنىڭ دىللىرىدىكى ئىشەنچنى بىلگەنلىكىنى ئىپادىلەپ سالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق دېگەن (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. فَالْيَوْمَ لَا يَمْلِكُ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا وَنَقُولُ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذُوقُوا عَذَابَ النَّارِ الَّتِي كُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
    بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز (ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كۈندە بىر - بىرىڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. بىز زالىملارغا مۇنداق دەيمىز: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مەھشەرگاھتىكى خالايىققا ئېيتىدۇ: «ئى خالايىقلار! بۈگۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەبۇد ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىغا ھېچقانداق پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلاردىن ھېچقانداق زىياننىمۇ قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ؛ چوقۇنغۇچىلار بىلەن چوقۇنۇلغانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە ياردەم قىلىش، بىر - بىرىنى قوللاش، بىر - بىرى ھەققىدە شافائەت قىلىش ۋە بىر - بىرىنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچبىرى بولمايدۇ. دۇنيادىكى چېغىدا كۇفرىلىق قىلىش، شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارغا بىز ئۇ كۈنى: «سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئىنكار قىلغان دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار!» دەيمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالُوا مَا هَٰذَا إِلَّا رَجُلٌ يُرِيدُ أَنْ يَصُدَّكُمْ عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُكُمْ وَقَالُوا مَا هَٰذَا إِلَّا إِفْكٌ مُفْتَرًى ۚ وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
    ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت سىلەرنى ئاتا ـ بوۋاڭلار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولغان ئادەمدۇر» دەيدۇ ھەمدە ئۇلار: «بۇ پەقەت توقۇلغان يالغان سۆزدۇر» دەيدۇ. كاپىرلارغا ھەقىقەت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت سىلەرنى ئاتا ـ بوۋاڭلار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولغان ئادەمدۇر» دېدې ھەمدە ئۇلار: «بۇ پەقەت توقۇلغان يالغان سۆزدۇر» دېدى. كاپىرلارغا ھەقىقەت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بۇ سىلەرنى ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئىبادەت قىلىپ كەلگەن نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتقان ئادەمدۇر» دېدى. ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغاندىنلا ئىبارەت» دېدى. كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق توغرىسىدا: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان ئۇ زالىملارغا بىزنىڭ ھەقىقەتنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدىغان ئايەتلىرىمىز يەتكۈزۈلسە، ئۇلار بىر - بىرىگە مۇھەممەد ھەققىدە: «بۇ، سىلەرنى ئاتا - بوۋىلىرىڭلار چوقۇنۇپ كەلگەن مەبۇدلارغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولۇۋاتقان ئادەمدۇر؛ سىلەرگە ئوخشاش ئىنساندۇر، ئۇنىڭ مەقسىتى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا قارشى چىقىشتۇر» دېدى، ئۇلار قۇرئان ھەققىدە: «بۇ، مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقىپ ئاللاھقا مەنسۇپ قىلغان يالغاندىنلا ئىبارەت» دېدى. ئۇ كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن قۇرئان توغرىسىدا: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى. مانا بۇ ئېتىقاد ئۇ زالىملارنى دوزاخ ئازابىغا لايىق قىلغان سەۋەبتۇر. ئەسكەرتىش: تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرى، ئۇ پەيغەمبەلەرنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنى ئاتا بوۋىلىرىنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن تەۋھىدكە دەۋەت قىلغانلىقىنى باھانە قىلغان، ئىمان كەلتۈرمىگەن، شۇنداقلا ھالاك قىلىنغان ۋە دوزاخقا لايىق بولغان. دېمەككى، كۇفرى ئوخشاش بىر يولدۇر، ئۇ يولنىڭ يولۇچىلىرى بىر مىللەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. وَمَا آتَيْنَاهُمْ مِنْ كُتُبٍ يَدْرُسُونَهَا ۖ وَمَا أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمْ قَبْلَكَ مِنْ نَذِيرٍ
    ئۇلارغا ئوقۇيدىغان ھېچقانداق كىتابلارنى ئاتا قىلغىنىمىز يوق. سەندىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچقانداق پەيغەمبەرمۇ ئەۋەتكىنىمىز يوق — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى بىزنىڭ ئۇلارغا ئۆگىنىدىغان كىتابلارنى ئاتا قىلغىنىمىز يوق. سەندىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتكىنىمىزمۇ يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، بىز ئۇلارغا ئوقۇشلىرى ئۈچۈن بىرەر كىتاب بەرمىگەن ۋە ئۇلارغا سەندىن ئىلگىرى بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچىمۇ ئەۋەتمىگەن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار سېنىڭ ھەققىڭدە ۋە قۇرئان ھەققىدە مەزكۇر ناشايان سۆزلەرنى قىلدى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى. ئۇلارنىڭ ھېچقانداق دەلىلى ۋە ئاساسى يوقتۇر، چۈنكى بىز ئۇلارغا قۇرئاندىن ئىلگىرى ئۇلار ئوقۇپ ئۆگىنىدىغان بىرەر كىتابمۇ بەرمىگەن، سەندىن ئىلگىرى بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچىمۇ ئەۋەتمىگەن ئىدۇق. ئۇلار قۇرئاننى «ئويدۇرما، سېھىر» دېگەن سۆزلىرىدە، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلىشلىرىدا بىرەر ئىلاھىي كىتابنىڭ ھۆكمىگە ياكى بىرەر پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتىغا ئاساسلانغىنى يوق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. وَكَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَمَا بَلَغُوا مِعْشَارَ مَا آتَيْنَاهُمْ فَكَذَّبُوا رُسُلِي ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئۇلار (يەنى ئىلگىرىكىلەر) ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىگەن، ئۇلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ ئىنكار قىلغان، بۇلار ئىلگىرىكىلەر ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشەلمىدى، ئۇلارمۇ مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغا ئىدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى يالغانچى دېيىشكەن ئىدى. بۇلار، بىز ئۇلارغا ئاتا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىدى. ئۇلار ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېدى، مېنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن قەۋملەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ۋە نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئىلگىرىكى كافىرلار ماددىي - مەنىۋى كۈچ، مال - مۈلۈك ۋە ئىمكانلار جەھەتتە بۇ كافىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئىلگىرىكى كافىرلار ئەلچىلىرىمنى ئىنكار قىلدى ۋە قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتىم، مېنىڭ ئازابىم كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى مال- مۈلۈك ۋە كۈچ قۇۋۋەتلەر ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. ئى مۇھەممەد! قارىغىنا، مېنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى، ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭ بىزنىڭ بىرەر بالا ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋېتىشىمىزدىن قورقمامدۇ؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. قُلْ إِنَّمَا أَعِظُكُمْ بِوَاحِدَةٍ ۖ أَنْ تَقُومُوا لِلَّهِ مَثْنَىٰ وَفُرَادَىٰ ثُمَّ تَتَفَكَّرُوا ۚ مَا بِصَاحِبِكُمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ لَكُمْ بَيْنَ يَدَيْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
    ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى ئىزدەڭلار)، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلاردا (يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن ياكى بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلار -مۇھەممەد-تە ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرگە بىرلا نەسىھىتىم بار: ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن، بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن تەپەككۇر قىلىڭلار[2]. قېرىندىشىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس. ئۇ پەقەت قاتتىق ئازابتىن بۇرۇن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئەقلىڭدىن ئازغانلىقىڭنى ئېيتقان بۇ تەرسا مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرگە بىرلا ئىشنى قىلىشىڭلار توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمەن: مېنى ئالدىراپ ئىنكار قىلماڭلار، دىلىڭلارنى تەقلىدچىلىك، تەرەپبازلىق، شەخسىيەتچىلىك... قاتارلىق ئىللەتلەردىن پاكلاپ، پەقەت ھەقىقەتنى تېپىش ۋە ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىككىدىن - ئىككىدىن ياكى بىردىن - بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن يىللاردىن بۇيان ئاراڭلاردا ياشىغان، ھەممىڭلار ئىشەنچ قىلىدىغان ۋە ‹قېرىندىشىمىز› دەپ بىلىدىغان مېنىڭ ئەھۋالىم ۋە مەن دەۋەت قىلغان يول توغرىسىدا ئادالەت ۋە ئىنساپ بىلەن تەپەككۇر قىلىڭلار، ئويلىنىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مېنىڭ ھەرگىزمۇ ئەقلىمدىن ئازمىغانلىقىمنى، ئەكسىچە مېنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قاتتىق ئازابنىڭ ئالدىدا سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ئىكەنلىكىمنى، دەۋەت قىلغان يولۇمنىڭ سىلەر ئۈچۈن نىجاتلىق يولى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىلەر». ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئىنسان تۇرغان يېرىدە يالغۇز تۇرىدۇ ياكى باشقىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرىدۇ. ئۇ باشقىسى ئەڭ ئاز بىر كىشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە «ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن ياكى بىردىن تۇرۇڭلار» دېيىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۇلارغا «تۇرغان يېرىڭلاردا قايسى ھالەتتە بولساڭلار بولۇڭلار، مەقسىتىڭلار ھەقىقەتنى تېپىش، شۇنداقلا ئاللاھ رازىلىقىغا ئېرىشىش بولسۇن، مانا مۇشۇنداق روھىي پاكىزلىقتىن كېيىن مېنىڭ ھەققىمدە تەپەككۇر قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مېنىڭ ئەقلىدىن ئازغان ئادەم ئەمەسلىكىمنى، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى چۈشىنىسىلەر» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزنى قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. قُلْ مَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ فَهُوَ لَكُمْ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
    ئېيتقىنكى، «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ مېنىڭ ئەجرىم پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قانداق ئەجىر سورىغان بولسام، ئۇ سىلەرنىڭ بولسۇن[3]. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كافىرلارنى ئۆزۈڭنىڭ ھەققىدە تەمكىنلىك بىلەن ئويلىنىشقا، ھەقنى تېپىش ۋە ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمىدىم، ئەسلا تەلەپ قىلمايمەن. مۇبادا سىلەردىن بىرەر ھەق تەلەپ قىلغان بولسام ۋە سىلەر ماڭا بەرگەن بولساڭلار، ئۇنى مەندىن قايتۇرۇۋېلىڭلار. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى ۋە ھەر ئىشنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئاسمان - زېمىندىكى ھېچ نەرسە ۋە ھېچ ئىش مەخپىي ئەمەس». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (34-سۈرە سەبەئ، 48-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەق
    قُلْ إِنَّ رَبِّي يَقْذِفُ بِالْحَقِّ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم، ھەقىقەتەن ھەق ئارقىلىق (باتىلنى) ئاتىدۇ (يەنى پاكىتنى روشەن بايان قىلىدۇ)، ئاللاھ غەيبنى تامامەن بىلگۈچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «رەببىم ھەقىقەتەن ھەق ئارقىلىق باتىلنى ئاتىدۇ، ئاللاھ غەيبنى تامامەن بىلگۈچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «مېنىڭ رەببىم ھەقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ غەيبلەرنى تولۇق بىلگۈچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ساڭا قارشى چىقىۋاتقان بۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ ئۆزى خالىغان چېغىدا ئۆزى خالىغان بەندىسىگە ۋەھىي نازىل قىلىش بىلەن ھەقنى باتىلنىڭ ئۈستىگە ئېتىپ باتىلنى يوق قىلىدۇ. مېنىڭ ئۇ ئىگەم غەيىبلەرنى تولۇق بىلگۈچىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (34-سۈرە سەبەئ، 49-ئايەت) باتىل ھەق
    قُلْ جَاءَ الْحَقُّ وَمَا يُبْدِئُ الْبَاطِلُ وَمَا يُعِيدُ
    ئېيتقىنكى، «ھەق (يەنى ئىسلام) كەلدى (باتىل يوقالدى)، باتىل (بىرەر مەخلۇقنى) پەيدا قىلالمايدۇ، (يوقالغان بىرەر مەخلۇقنى) ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ھەق كەلدى، ئەمدى باتىل بىر نەرسىنى پەيدامۇ قىلالمايدۇ، بىر نەرسىنى ئەسلىگىمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ھەق كەلدى. باتىل باش كۆتۈرمەيدۇ ۋە قايتا ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ»[4]. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھازىر مېنى تاللاپ ئەلچىسى قىلدى ۋە ماڭا ۋەھىي نازىل قىلدى، مېنىڭ ئۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈشۈم بىلەن سىلەرگە ھەق كەلدى، ھەق ئاشكارا بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ باتىلىڭلارنىڭ ھېچقانداق تەسىر كۈچى قالمايدۇ، باش كۆتۈرەلمەيدۇ ۋە قايتا ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ، مەن يەتكۈزگەن ھەق مەڭگۈ غالىب كېلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. (34-سۈرە سەبەئ، 50-ئايەت) كەمتەرلىك ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى
    قُلْ إِنْ ضَلَلْتُ فَإِنَّمَا أَضِلُّ عَلَىٰ نَفْسِي ۖ وَإِنِ اهْتَدَيْتُ فَبِمَا يُوحِي إِلَيَّ رَبِّي ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ قَرِيبٌ
    ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام (بۇ) پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام بۇ، رەببىمنىڭ ماڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئېزىپ كەتسەم، ئېزىپ كەتكەنلىكىمنىڭ زىيىنىنى ئۆزۈم تارتىمەن. ئەگەر ھىدايەت تاپسام، بۇ رەببىم ماڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان سەۋەبىدىندۇر. رەببىم ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا ھەقنىڭ كەلگەنلىكىنى ۋە باتىلنىڭ يوق بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئېيتقىنكى: «ئەگەر مەن ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھيىگە بويسۇنۇش بىلەن ئېزىپ كەتكەن بولسام، ئېزىپ كەتكەنلىكىمنىڭ زىيىنىنى پەقەت ئۆزۈم تارتىمەن، سىلەرگە ھېچقانداق زىيان بولمايدۇ. ئەگەر مەن توغرا يولغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، بۇ رەببىمنىڭ ماڭا ۋەھىي نازىل قىلىشى، مېنى يېتەكلىشى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن بولغان بولىدۇ. رەببىم ھەممىمىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىمىزگە يېقىندۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (34-سۈرە سەبەئ، 51-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ئازاب
    وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ فَزِعُوا فَلَا فَوْتَ وَأُخِذُوا مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ
    ئەگەر سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دوزاخقا (ئېلىپ بېرىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا) يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرەتتىڭ) — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دوزاخقا يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ چۆچۈپ كەتكەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ! ئۇلار قاچالمايدۇ ۋە يېقىن بىر يەردە تۇتۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ئازابنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ! ناھايىتى قوقۇنچلۇق مەنزىرە كۆرگەن بولاتتىڭ. ئۇلار ئازاب كەلگەندە ھېچبىر يەرگە قاچالمايدۇ، ئۇلار دوزاخقا يېقىن جايدا تۇتۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. (34-سۈرە سەبەئ، 52-ئايەت) ھىساب
    وَقَالُوا آمَنَّا بِهِ وَأَنَّىٰ لَهُمُ التَّنَاوُشُ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ
    ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە): «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ يىراق جايدىن ئىماننى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار -ئازابنى كۆرگەندە-: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ يىراق جايدىن ئىماننى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. لېكىن ئۇلار يىراق جايدا قالغان ئىمانغا قانداقمۇ ئېرىشەلەيدۇ؟[5] — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چېغىدا: «ھەقنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتتۇق؛ مۇھەممەدكە ۋە قۇرئانغا ئىشەندۇق» دەيدۇ، لېكىن ئۇلار يىراق جايدا قالغان ئىمانغا قانداقمۇ ئېرىشەلەيدۇ؟ يەنى ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىش پۇرسىتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇلارغا ئەسقاتىدىغان ئىمان ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قالغان ۋە ئۇلار بىلەن ئۇ ئىماننىڭ ئارىسىغا ئۇزۇن مۇساپە كىرگەن بولىدۇ. ئۇلار ئۇ ئىمانغا قانداقمۇ ئېرىشەلىسۇن؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. وَقَدْ كَفَرُوا بِهِ مِنْ قَبْلُ ۖ وَيَقْذِفُونَ بِالْغَيْبِ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ
    ئۇلار ئىلگىرى ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلار غەيب (ئىشلىرى) ئۈستىدە يىراق جايدىن قارىسىغا سۆزلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىلگىرى ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلار غەيب ھەققىدە يىراق جايدىن قارىسىغا سۆزلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئىلگىرى ئىنكار قىلغان ئىدى، يىراق جايدا تۇرۇپ غەيبكە تىل ئۇزارتاتتى. — ئەنەس ئالىم

    ھالبۇكى، ئۇ كافىرلار ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ھەقنى ئىنكار قىلاتتى، ھەقىقەتتىن يىراقلاشقان ھالەتتە تۇرۇپ گۇمان بىلەن ھەقىقەتكە قارشى چىقاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. (34-سۈرە سەبەئ، 54-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر
    وَحِيلَ بَيْنَهُمْ وَبَيْنَ مَا يَشْتَهُونَ كَمَا فُعِلَ بِأَشْيَاعِهِمْ مِنْ قَبْلُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا فِي شَكٍّ مُرِيبٍ
    ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرى (يەنى ئىمان ئېيتىش ۋە جەننەتكە كىرىش) ئارىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلىندى. ئۇلارغا ئىلگىرى ئۇلارغا ئوخشاشلارغا قىلىنغاندەك قىلىندى. چۈنكى ئۇلار ھازىر ئىمان كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۈستىدە (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) چوڭقۇر شەكتە ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرى ئارىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلىندى. ئۇلارغا ئىلگىرى ئۇلارغا ئوخشاشلارغا قىلىنغاندەك قىلىندى. چۈنكى ئۇلار چوڭقۇر شەكتە ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىلەن ئۇلار ئارزۇ قىلغان نەرسە ئارىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلىنىدۇ. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىنغان ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق شۈبھە ئىچىدە ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئازاب كەلگەن چاغدا ئۇلار بىلەن ئۇلار ئارزۇ قىلغان مەقبۇل تەۋبە ۋە ئەسقاتىدىغان ئىمان ئارىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلىنىدۇ. ئۆتمۈشتە بۇلارغا ئوخشاش كافىرلارمۇ ئازابنى كۆرۈپ تەۋبە قىلغانلىقىنى ۋە ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ تەۋبىسى ۋە ئىمانى قوبۇل قىلىنمىغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا ھەقتىن قاتتىق شۈبھە قىلاتتى، ئۇلارغا كېيىنكى پۇشايمىنى پايدا بەرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى