مائىد سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 120 ئايەتمەنىسى: داستىخان. ئاتىلىش سەۋەبى: ھەۋارىلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاسماندىن"ئۈستىدە تاماق بار دەستىخان" چۈشۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ( 112~115-ئەيەتلەر)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ ۚ أُحِلَّتْ لَكُمْ بَهِيمَةُ الْأَنْعَامِ إِلَّا مَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ غَيْرَ مُحِلِّي الصَّيْدِ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ ۗ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ مَا يُرِيدُ
ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە ھاراملىقى بايان قىلىنىدىغانلاردىنباشقا، ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن (يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھالال ـ ھارام توغرۇلۇق) خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلارغا ۋاپا قىلىڭلار. تۆۋەندە سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا چارۋىلارنىڭ ھەممىسىنى (بوغۇزلىغاندىن كېيىن يېيىش) ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرامدا بولغىنىڭلاردا ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلار ھالال قىلىندى. پەقەت ئۇلاردىن سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[1]. ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال سانىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
«توختاملار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە توختام، شەرتنامە، ئالاقە، ھۆججەت دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ئەقد - عقد»نىڭ كۆپلۈك شەكلى «ئۇقۇد - عقود» بولۇپ، بېشىدا كەلگەن ئېلىپ لام (ال) بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسى، كافىرلار بىلەن تۈزۈشكەن شەرتنامىسى ۋە ئۆزئارا قىلىشقان كېلىشىملىرى قاتارلىق توختاملارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: 1) «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ ئىمان كەلتۈرگەن كىشى، بۇ تەۋھىد كەلىمىسىنى تىلغا جارى قىلغان ۋە دىلى بىلەن تەستىقلىغان چاغدا، ئاللاھنىڭ: «ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئەمرىگە بويسۇنۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش توغرىسىدا ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن بۇ توغرىدا ئەھدە ئالغان بولىدۇ. 2) مۇئمىنلار كافىرلار بىلەن ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ۋە ئىسلام رۇخسەت قىلغان دائىرىدە ھەر تۈرلۈك شەرتنامە تۈزۈشسە بولىدۇ. 3) مۇئمىنلار بىر - بىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك توختام تۈزۈشىدۇ ۋە ئۆزئارا ۋەدىلىشىدۇ. مەسىلەن: مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا بولىدىغان نىكاھ، سودا - سېتىق، ئېلىش - بېرىش، ۋە ئۆتنە - يېرىم قاتارلىق مۇئامىلىلەرنىڭ ھەر بىرى بىرەر توختامدۇر. شۇڭلاشقا ئايەتنىڭ «توختاملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار» دېگەن مەنىدىكى قىسمى، «ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ بىلەن قىلىشقان ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئىسلام دائىرىسى ئىچىدە ئىنسانلار بىلەن تۈزۈشكەن ھەر تۈرلۈك توختام ۋە پۈتۈشكەن ھەر تۈرلۈك كېلىشىملىرىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار دېگەن» بولىدۇ. ئايەتنىڭ قالغان قىسمى بولسا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇئەييەن شەكىلدە ئۆلگەنلىرىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئېھرامدىكى چاغدا ۋە ھەرەم تەۋەلىكىدە ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئوۋلىرىنى ھالال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلاپ ئېھرامدا تۇرۇۋاتقان كىشىگە ۋە ئېھرامدا بولمىسىمۇ ھەرەم تەۋەلىكىدە بولغان كىشىگە سىناش ئۈچۈن قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى ئوۋلاشنى ھارام قىلغان. ئەسكەرتىش: ھەجگە ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان كىشى ھەرەم تەۋەلىكىگە كىرمىگەن بولسىمۇ ئوۋ ئوۋلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، ھەرەم تەۋەلىكىدىكى كىشى ئېھرامدىن چىققان بولسىمۇ ئوۋ ئوۋلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحِلُّوا شَعَائِرَ اللَّهِ وَلَا الشَّهْرَ الْحَرَامَ وَلَا الْهَدْيَ وَلَا الْقَلَائِدَ وَلَا آمِّينَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنْ رَبِّهِمْ وَرِضْوَانًا ۚ وَإِذَا حَلَلْتُمْ فَاصْطَادُوا ۚ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ أَنْ صَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ أَنْ تَعْتَدُوا ۘ وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) چەكلەنگەن ئايلار (دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيەنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى)، پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار. ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ. بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن. ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىگە، ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايغا، ھەرەمگە ئاتالغان ھەديەگە، (ھەديەلەرگە ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنچۇقلارغا، پەرۋاردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا كەلگۈچىلەرگە چېقىلىشنى ھالال سانىماڭلار. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ. بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى ھەرەم مەسجىدىگە كىرىشتىن توسقانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆچمەنلىكىڭلار ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ نىشانلىرىنى[2]، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى، رەببىدىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەپ ھۆرمەتلىك بەيتۇللاھنى نىيەت قىلىپ ماڭغانلارنى ھالال سانىماڭلار[3]. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋلىساڭلار بولىدۇ[4]. بىرەر قەۋمگە بىزنى مەسجىدى ھەرەمدىن توسقان دەپ ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار، سىلەرنى ھەددىڭلاردىن ئېشىشقا ئېلىپ بارمىسۇن! ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە بىرقانچە ھۆكۈم بايان قىلىنىدۇ: 1) «ئاللاھنىڭ نىشانلىرىنى ھالال سانىماڭلار». بۇ بىرەر ئىبادەتنى كەم - زىيادە قىلماڭلار، بىرەر ئىبادەتنىڭ ۋاقتىنى ئىلگىرى - كېيىن قىلماڭلار، بىرەر ھارامغا يېقىنلاشماڭلار دېگەن بولىدۇ. جۈملىدىن ھەج پائالىيەتلىرىنى زامان ۋە ماكانىلىرىغا رىئايە قىلغان ھالدا ئادا قىلىڭلار، ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىماڭلار دېگەن بولىدۇ، چۈنكى «ئاللاھنىڭ نىشانلىرى» - ئىبادەت ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ماكان ۋە زامانلارنى، شۇنداقلا ئىبادەتنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان پەرز ۋە بەلگىلەنگەن ھاراملارنىمۇ كۆرسىتىدۇ. 2) «ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى ھالال سانىماڭلار». بۇ زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب ئايلىرىدا ئۇرۇش قىلىشنى ھالال سانىماڭلار، شۇنداقلا ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلماڭلار دېگەن بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ئۇ ئايلاردا باشقىلار مۇئمىنلارغا ئۇرۇش ئېچىپ ھۇجۇم قىلسا، ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا بولىدۇ. 3) «ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى ھالال سانىماڭلار». بۇ ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە چېقىلماڭلار، ئۇلارنى ھەرەمگە ئېلىپ ماڭغانلاردىن ئېلىۋالماڭلار، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىنىدىغان جايىغا (ھەرەمگە) يېتىپ بېرىشتىن توسماڭلار دېگەن بولىدۇ. 4) «قۇربانلىقلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرگە چېقىلماڭلار». مەزكۇر قۇربانلىق ھايۋانلارنى ھەرەمگە ئېلىپ ماڭغانلارنىڭ ھاجىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇ ھايۋانلارنىڭ قۇربانلىقلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن، ئۇ ھايۋانلارنىڭ بويۇنلىرىغا ھەر تۈرلۈك نەرسىلەر ئېسىپ قويۇلاتتى، شۇنداقلا ئۇ ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاي بولغان ھەرەمگىچە شۇ نەرسىلەر بىلەن ئېلىپ مېڭىلاتتى. ئايەتتە قۇربانلىق ھايۋانلىرىغا چېقىلىش مەنئى قىلىنغاندەك، ئۇ ھايۋانلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان ئۇ نەرسىلەرگە چېقىلىشمۇ مەنئى قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرمۇ «ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىلىرى»دىن بىرىدۇر. 5) «رەببىدىن ئىلتىپات ۋە رازىلىق تىلەپ ھۆرمەتلىك بەيتۇللاھنى نىيەت قىلىپ ماڭغانلارغا چېقىلماڭلار»، يەنى ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى نىيەت قىلىپ ھەرەمگە ماڭغانلارغا زىيانكەشلىك قىلماڭلار، ئۇلارنى يولىدىن توسماڭلار ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەڭلار. 6) «ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋلىساڭلار بولىدۇ»، يەنى ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىڭلارنى ئادا قىلىپ ئېھرامدىن چىققان ۋە ھەرەم تەۋەلىكىدىن ئايرىلغان چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ، چۈنكى بىرىنچى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك چەكلىمە ئېھرامدا تۇرۇش ۋە ھەرەمدە بولۇش ئاخىرلاشقاندا تۈگەيدۇ. 7) «بىرەر قەۋمگە بىزنى ھەرەم مەسجىدىدىن توسقان دەپ ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار، سىلەرنى ھەددىڭلاردىن ئېشىشقا ئېلىپ بارمىسۇن!»، چۈنكى ئادالەتنى بەرپا قىلىش مۇھىم ۋەزىپەڭلار بولۇپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشىڭلارغا شەخسىي چۈشەنچەڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىڭلار، ئەيىبلەنگۈچىنىڭ سىلەرگە دوست ياكى دۈشمەن بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھېچبىرى توسالغۇ بولماسلىقى لازىم. 8) «ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار». ئاللاھ تائالا بۇ مەنىدىكى سۆزىدە ياخشىلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىشكە بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىق ۋە تەقۋالىقنىڭ نېمىلىكىنى باشقا بىر ئايەتتە بايان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردىكى ياردەملىشىشكە قىلغان بۇيرۇقىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئى مۇئمىنلار! ئىمان نۇرىنىڭ يورۇشى، ئىسلام ئادالىتىنىڭ قانات يېيىشى، ياخشىلىقنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىڭلار، ياردەملىشىڭلار ۋە بىر - بىرىڭلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەڭلار. 9) «گۇناھقا ۋە ھەددىن ئېشىشقا ياردەملەشمەڭلار»، يەنى قىلغان كىشى ۋە باشلىغان كىشى گۇناھكار بولىدىغان ھېچقانداق سۆز - ھەرىكەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، يېيىلىشى ۋە راۋاجلىنىشى قاتارلىق ئىشلاردىن ھېچبىرىگە يارەدملەشمەڭلار. شۇنىڭدەك، بىراۋغا زىيانكەشلىك، ھەقسىزلىق ۋە تاجاۋۇز قاتارلىق زۇلۇملارنىڭ قىلىنىشىغىمۇ ياردەملەشمەڭلار. 10) «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر»، يەنى ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىڭلار، توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن يېنىڭلار، قىلغان نەسىھەتلەرگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، ئەكسى تەقدىردە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
حُرِّمَتْ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةُ وَالدَّمُ وَلَحْمُ الْخِنْزِيرِ وَمَا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ وَالْمُنْخَنِقَةُ وَالْمَوْقُوذَةُ وَالْمُتَرَدِّيَةُ وَالنَّطِيحَةُ وَمَا أَكَلَ السَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيْتُمْ وَمَا ذُبِحَ عَلَى النُّصُبِ وَأَنْ تَسْتَقْسِمُوا بِالْأَزْلَامِ ۚ ذَٰلِكُمْ فِسْقٌ ۗ الْيَوْمَ يَئِسَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ دِينِكُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَاخْشَوْنِ ۚ الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا ۚ فَمَنِ اضْطُرَّ فِي مَخْمَصَةٍ غَيْرَ مُتَجَانِفٍ لِإِثْمٍ ۙ فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ. بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. ئەزلام (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ) بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى، بۇ گۇناھتۇر، كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش) دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم. كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ)، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، توڭگۇز گۆشى، ئاللاھتىن باشقىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، غۇلاپ چۈشۈپ ئۆلگەن ھايۋان، ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋان ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقىلارنىڭ كېيىنكى بەش خىلىدىن) جېنى چىققۇچە بوغۇزلىۋالغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ. بۇتلارنى ئۇلۇغلاپ ئۇنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى، بۇ گۇناھتۇر، كافىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش) دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالىغا يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم. كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە، ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، توڭگۇزنىڭ گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن، باشقا ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يىرتقۇچلار يەپ قويغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. بۇلاردىن جېنى چىقىپ بولغىچە بوغۇزلىۋالغىنىڭلار مۇستەسنا. شۇنىڭدەك، تىكلەپ قويۇلغان تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار[5] ۋە پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشىڭلار سىلەرگە ھارام قىلىندى. ئەنە شۇ فىسقتۇر[6]. بۈگۈن كافىرلار دىنىڭلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇنداقتا ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم. لېكىن كىم گۇناھقا قەستەن مايىل بولماستىن ئاچلىق ھالىتىدە مەجبۇر قېلىپ ئۇ ھاراملاردىن يېسە، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بىرىنچى ئايەتتە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى، لېكىن ئۇ ھايۋانلاردىن ھالال بولمايدىغانلىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئالدى بىلەن ئەنە شۇ ھالال بولمايدىغان ھايۋانلار بايان قىلىنىدۇ. ئاندىن كافىرلارنىڭ ئىسلامنى يوق قىلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنگەنلىكى، شۇڭلاشقا ئۇلاردىن قورقماسلىق لازىملىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنىنى كامالەتكە يەتكۈزگەنلىكى، تاماملىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بولۇشىغا رازى بولغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا چارىسىز قالغان كىشىنىڭ ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك مىقداردا يېسە ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، ئۇلارنى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان ھارام قىلىندى. شۇنىڭدەك، سىلەرگە چوشقا گۆشى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ئىچىدىن ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغانلىرى، ئۇ ھايۋانلاردىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن، باشقا ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يىرتقۇچلار يەپ قويغان ھايۋانلارمۇ ھارام قىلىندى، لېكىن يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ قويغان ھايۋاننىڭ جېنى چىقىپ بولغۇچە يېتىشىپ بوغۇزلىۋالغىنىڭلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. سىلەرگە يەنە تىكلەپ قويۇلغان تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ۋە پال سېلىشىڭلارمۇ ھارام قىلىندى. ئەنە شۇ ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىش ۋە پال سېلىش توغرا يولدىن چىققانلىقتۇر. ئەسكەرتىش: جاھىلىيەتتە كەبىنىڭ چۆرىسىدە تىكلەپ قويۇلغان بىر قىسىم تاشلار بولۇپ، ئۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىناتتى ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانلىرىدىن شۇ تاشلارغا سۈركەپ قويۇلاتتى. بۇ ئايەت بىلەن ئەنە شۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان. ئى مۇئمىنلار! بۈگۈن (ۋىدا ھەججى ئادا قىلىنغان كۈنلىرى) مۇشرىك ۋە باشقا بارلىق كافىرلار ئىسلامنى يوق قىلىشتىن، يەنى سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشتىن ۋە سىلەرگە غالىب كېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇنداقتا، ئۇ كافىرلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. ئى مۇئمىنلار! بۈگۈن دىنىڭلارنى ھەر جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزدۇم: ئەقىدە، ئىبادەت، مۇئامىلە، ئەخلاق ۋە باشقا بارلىق دىنىي مەسىلىلەرنى تولۇقلىدىم. بىرەر مەسىلە كەم قالمىغاندەك، بىرەر مەسىلە چالىمۇ قالمىدى. سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، يەنى سىلەرگە نۇسرەت، ئۈستۈنلۈك ۋە ئىززەت ئاتا قىلدىم، غالىبلىق ۋە ھاكىمىيەت بەردىم. ئىسلامنىڭ سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشىغا رازى بولدۇم، يەنى سىلەرگە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش بىلەن «ھۇزۇرۇمدىكى يېگانە مەقبۇل دىن» بولغان ئىسلامنى ئۆگەتتىم، بۇ ئىسلامنى سىلەرگە دىن قىلىپ بەردىم ۋە مۇشۇنداق قىلىشنى ياقتۇردۇم. ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە يۇقىرىدا ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنى بىلدۈردۈم ، لېكىن ئىچىڭلاردىن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشتىن قورققان كىشى ئۇ ھاراملاردىن جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك مىقداردا يېسە ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭ چارىسىزلىكتىن ھارام يېگەنلىكىنى ئەپۇ قىلىمەن، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا أُحِلَّ لَهُمْ ۖ قُلْ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ ۙ وَمَا عَلَّمْتُمْ مِنَ الْجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ اللَّهُ ۖ فَكُلُوا مِمَّا أَمْسَكْنَ عَلَيْكُمْ وَاذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك ـ ئىچمەكتىن) نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى. ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار (ئوۋچى جانىۋارلارنى شىكارغا قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا) ئاللاھنىڭ نامىنى ياد قىلىڭلار (يەنى بىسمىللاھ دەڭلار)، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) تىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى ۋە (ئىت، قارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۆگىتىلگەن، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا بىلدۈرگىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ ئوۋلىغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى، ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلاپ تۇتۇپ تۇرغان نەرسىلىرىدىن يەڭلار. ئوۋچى جانىۋارلارنى قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگىتىپ، ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋانلار ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋاندىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر». — ئەنەس ئالىم
(4-5) ئالدىنقى ئايەتتە ھارام قىلىنغان ھايۋانلار زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئايەتتە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ھالال قىلىنغان يېمەكلىكلەر ۋە نىكاھلىنىش ئۈچۈن ھالال قىلىنغان ئاياللار بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. شۇنىڭدەك، سىلەر ئوۋچىلىققا كۆندۈرگەن (ئىت، قارچىغا، بۈركۈتكە ئوخشاش) يىرتقۇچ ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان ئوۋلىرىمۇ ھالال قىلىندى. ئۇ ھايۋانلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان ئوۋلىرىدىن يەڭلار ۋە ئۇ ھايۋانلارنى ئوۋغا ئەۋەتىش ۋە ئۇلار ئوۋلىغان ئوۋنىڭ گۆشىنى يېيىش ئالدىدا ‹بىسمىللاھ...› دەڭلار». دېمەككى، ئوۋچى ھايۋانلار ئوۋلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنى ئوۋغا قويۇپ بېرىدىغان چاغدا ئىگىسىنىڭ «بىسمىللاھ...» دېگەن بولۇشى ۋە ئۇ ھايۋانلار ئوۋلىغان ئوۋلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ يېمەسلىكى لازىم. ناۋادا ئۇ ھايۋانلار ئوۋلىغان ئوۋلىرىدىن يېگەچ تۇرغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئوۋنى ئىگىسى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوۋلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئوۋچى ھايۋانلار يۇقىرىدىكى شەرتلەر بىلەن ئوۋلىغان ئوۋلار ئۆلۈپ قالغان بولسىمۇ يېگىلى بولىدۇ. ئەمما ئوۋچى ھايۋانلار ئەمەس يىرتقۇچ ھايۋانلار ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ۋە ئوۋچى ھايۋانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوۋلىغان ھايۋانلارنى تىرىك ھالدا يېتىشىپ بوغۇزلىغان تەقدىردىلا يېگىلى بولىدۇ. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بولۇپمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھاراملاردىن يېمەڭلار. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇقسىلەر. ئى مۇئمىنلار! بۈگۈن (مەن دىنىڭلارنى كامىل قىلغان كۈنى) سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. شۇنىڭدەك، ئەھلى كىتابنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ) بوغۇزلىغان ھايۋانلىرى سىلەرگە ھالال قىلىندى، سىلەرنىڭ بوغۇزلىغان ھايۋانلىرىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالال قىلىندى. شۇنىڭدەك، سىلەرگە ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللار ۋە ئەھلى كىتابتىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارمۇ ھالال قىلىندى. بۇ ئىككى تۈرلۈك ئاياللارنىڭ سىلەرگە ھالال بولۇشى، ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى بېرىش، ئۇلارنى لايىق رەۋىشتە نىكاھىڭلارغا ئېلىش ۋە ئۇلارنى مەخپىي ئاشنا قىلىۋالماسلىق شەرتلىرىنى ئورۇندىشىڭلارغا باغلىقتۇر. كىمكى يۇقىرىدىكى ھاراملارنى مۇباھ سانايدىكەن، ئۇ ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ ۖ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَهُمْ ۖ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِي أَخْدَانٍ ۗ وَمَنْ يَكْفُرْ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ
بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر. كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن (ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن)، ئۇنىڭ ئەمەلى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. ئەھلى كىتابنىڭ تامىقى (يەنى بوغۇزلىغان چارۋىلىرى) سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرگەن، ئىپپەتلىك بولغان، ئاشكارا پاھىشىنى كۆزلىمىگەن ۋە يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمىغان ھالىتىڭلاردا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر، كىمكى ئىماندىن يېنىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ ياخشى ئەمەلى يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ تائامى سىلەرگە ھالالدۇر، سىلەرنىڭ تائامىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۇئمىن ئاياللاردىن ئىپپەتلىك بولغانلار ۋە سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ئىپپەتلىك بولغان ئاياللار، ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى بېرىش، ئۆيلىنىش، زىنادىن ساقلىنىش ۋە ئۇلارنى مەخپى دوست تۇتماسلىق شەرتى بىلەن سىلەرگە ھالالدۇر. كىم ئىمانغا كافىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمىلى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ ۚ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا ۚ وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ ۚ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَٰكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار). ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار) ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭلاردا يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار؛ ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار؛ ئەگەر (سۇ زىيان قىلىدىغان) كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن بولۇپ، ياكى خوتۇنۇڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان بولۇپ سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا ئۇرۇلغان قولۇڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى، قولۇڭلارنى سىلاپ تەيەممۇم قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى مۇشەققەتتە قالدۇرۇشنى خالىمايدۇ. لېكىن، ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، نېمىتىنى سىلەرگە تولۇق بېرىشنى خالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار[7]. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار[8]، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار[9]. ئاللاھ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ناماز ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تاھارەتنىڭ شەرتلىكى، تاھارەتنىڭ كىچىك ۋە چوڭ بولۇپ ئىككى تۈرلۈك بولىدىغانلىقى، بۇ تاھارەتلەرنىڭ سۇ بىلەن ئېلىنىدىغانلىقى ۋە سۇ بىلەن ئېلىشقا قادىر بولالمىغانلارنىڭ تەيەممۇم قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى، تەيەممۇمنىڭ شەكلى ۋە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ئامىللار قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 1) ناماز ئۆتىمەكچى بولغان كىشىنىڭ تاھارەتلىك بولۇشى، تاھارىتى بولمىسا تاھارەت ئېلىشى كېرەك. 2) تاھارەت كىچىك ۋە چوڭ بولۇپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. كىچىك تاھارەت - يۈزنى يۇيۇش، ئىككى قولنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش، باشقا مەسىھ قىلىش، پۇتلاردا ئاياغ كىيىمى بولسا ۋە ئۇنى تاھارەت بىلەن كىيگـەن بولسا مەسىھ قىلىش، يالاڭ ئاياغ بولسا ئىككى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. چوڭ تاھارەت بولسا، غۇسۇل قىلىش (پۈتۈن بەدەننى ئالا قويماي يۇيۇش) بىلەن ئېلىنىدۇ. 3) كىچىك تاھارەت ھاجەتخانىدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن (ھاجەتخانىنىڭ تېشىدا بولسىمۇ ئوخشاش) سۇنۇپ كېتىدۇ. چوڭ تاھارەت بولسا، جۇنۇپ بولۇش (ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇش، ئېھتىلام بولۇش) بىلەن سۇنۇپ كېتىدۇ. 4) كىچىك تاھارىتى ياكى چوڭ تاھارىتى سۇنۇپ كېتىپ، سۇ بىلەن ئۇ تاھارەتلەرنى ئېلىشقا قادىر بولمىغانلار ئىككى ئالىقىنىنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى سىلاش ئارقىلىق تەيەممۇم قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلار! بۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمىغانلىقى، سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۈكۈر قىلغايسىلەر! ئەسكەرتىش: تەپسىرلەردە بۇ ئايەتتىكى «ئەرجۇلەكۇم - پۇتلىرىڭلار» دېگەن سۆزنىڭ، ئالدىدىكى قايسى سۆزگە باغلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا، شۇنداقلا تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى (كىيىمسىز، يالىڭاچ ھالىتىدە) يۇيۇش كېرەكمۇ ياكى مەسىھ قىلىش كېرەكمۇ؟ دېگەن ھەقتە ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: بىرى «‹ئەرجۇلەكۇم - پۇتلىرىڭلار›، ‹ئەيدىيەكۇم - قوللىرىڭلار›غا باغلىنىدۇ، شۇنداقلا تاھارەتتە پۇتلارنى يۇيۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇ فەقىھلەرنىڭ ۋە مۇفەسسىرلەرنىڭ كۆپچىلىكى (جۇمھۇر)نىڭ كۆزقارىشىدۇر. يەنە بىرى «‹ئەرجۇلەكۇم - پۇتلىرىڭلار›، ‹رۇئۇسىكۇم - بېشىڭلار›غا باغلىنىدۇ ۋە تاھارەتتە ئىككى پۇتقا يالىڭاچ ھالىتىدە مەسىھ قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇ شىيئىلەردىن ئىمامىييە مەزھىپىنىڭ كۆزقارىشىدۇر. بۇ ئىشىنىڭ توغرىسى پۇتلىرىغا تاھارەت بىلەن ئاياغ كىيىمى (مەسە، ئۆتۈك، چورۇق ۋە شۇلارغا ئوخشىغان ئاياغ كىيىمى) كىيگەنلەرنىڭ مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە، تاھارەت ئالغاندا ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىشى، پۇتلىرى يالاڭ ئاياغ (يالىڭاچ) ھالەتتە تاھارەت ئالغانلارنىڭ پۇتلىرىنى ئىككى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇشىدۇر، چۈنكى بۇ تەقدىردە ئىككى تۈرلۈك قىرائەت (ۋە ئەرجۇلەكۇم، ۋە ئەرجۇلىكۇم)تىن پەرقلىق ئىككى ھۆكۈم چىققان بولىدۇ. ئەمەلىي سۈننەت (پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ تاھارەت ئېلىشى) ۋە مۇناسىۋەتلىك (يازما) ھەدىسلەرمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 7-ئايەت) مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئىمان ئاللاھقا ئىتائەت ئاللاھتىن قورقۇشوَاذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمِيثَاقَهُ الَّذِي وَاثَقَكُمْ بِهِ إِذْ قُلْتُمْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
(ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (ئۇلۇغ) نېمىتىنى ۋە سىلەر بىلەن قىلغان مۇئاھىدىسىنى ئەسلەڭلار. ئەينى زاماندا سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ) دىللىرىدىكى سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە ئەينى چاغدا ئۆزۈڭلارنىڭ: «چوقۇم ئاڭلايمىز ۋە ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا چىن ۋەدە بەرگەنلىكىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىلىڭلاردىكىنىمۇ بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ۋە سىلەردىن ئالغان مۇستەھكەم ئەھدىنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ئۇ چاغدا: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە مۇئمىنلار ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا بەرگەن مۇستەھكەم ئەھدىسىنى ياد ئېتىشكە، شۇنداقلا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا ئەمر قىلىنىدۇ. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇنلىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، بولۇپمۇ ئىسلام نېمىتىنى ئاتا قىلىپ، سىلەرنى قېرىنداشلار ھالىتىگە كەلتۈردى. بۇ نېمەتلەرنى ئەسلەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىڭلار. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەردىن ئالغان، سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دەپ ئاللاھقا بەرگەن مۇستەھكەم ئەھدىنى ياد ئېتىڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىڭلار. بۇ ئەھدە، ئاللاھ ياراتقان ۋە نازىل قىلغان ئايەتلىرى بىلەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان، ئۇلار ئىمان ئېيتىش بىلەن «ئىتائەت قىلىمىز» دەپ قوبۇل قىلغان ئەھدە بىلەن، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىلىرىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى كائىناتتىكى مەخلۇقاتلار ئۆزلىرىنىڭ مۆجىزىلىك مەۋجۇدىيىتى بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنى تونۇشقا ۋە ئاللاھنىڭ يولىغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئۇلارغا بۇ دەۋەتنى يېڭىلاش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ، بۇ دەۋەتلەرنى يەتكۈزگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا مەخلۇقاتنى ياراتقان ۋە قۇرئاننى نازىل قىلغان «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق»، قۇرئاننى يەتكۈزگەن «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ ئىمان ئېيتقان. ئۇلارنىڭ بۇ ئىمانى - ئاللاھنىڭ ۋە ئەلچىسىنىڭ چاقىرىقلىرىنى «ئاڭلىدۇق»، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە «چوقۇم ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەنلىكى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلاردىن ئەنە شۇ شەكىلدە مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان، مۇئمىنلار ئاللاھقا بۇ ئەھدىنى بەرگەن. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلاردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىقمۇ بىرقانچە قېتىم ئەھدە ئالغان، مۇئمىنلار ھەر قېتىمدا: «ئاڭلىدۇق» ۋە ھەرقانداق شارائىتتا «ئىتائەت قىلىمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن. مەسىلەن: ئىسلام تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق «ئەقەبە بەيئىتى»، «رىزۋان بەيئىتى» ۋە «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى»دىن كېيىن مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان مۇئمىن ئاياللاردىن قوبۇل قىلىنغان «بەيئەت» قاتارلىق بەيئەتلەر ئەنە شۇ ئەھدىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاللاھ تائالا سۈرىنىڭ بېشىدا بارلىق توختاملارغا رىئايە قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، بۇ ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىشقىمۇ بۇيرۇيدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئالدىن مۇئمىنلارغا نېمەتلىرىنى ياد ئېتىشنى ۋە ئۇ توختاملارنىڭ ئىچىدىن بۇ ئەھدىلەرنى ئېسىدىن چىقارماسلىقىنى، شۇنداقلا رىئايە قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ، ئەكسى تەقدىردە جازالاندۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 8-ئايەت) گۇۋاھلىق ۋە دەلىل راستچىللىق ئاللاھنىڭ ئىلمى ئادالەت ئاللاھتىن قورقۇش ھۆكۈمدارالارنىڭ جاۋبكارلىقىيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ ۖ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَىٰ أَلَّا تَعْدِلُوا ۚ اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلىڭلار. ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلايدىغان، ئادىل گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇنداق قىلىشىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن راۋۇرۇس تۇرغۇچىلار، ئادالەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بىرەر قەۋمگە ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار سىلەرنى ئادىل بولماسلىققا ئېلىپ بارمىسۇن. ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا يېقىندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئىسلام دىنى - ئىنسان ھاياتىنى باشقۇرىدىغان ئىلاھىي تۈزۈمدۇر. ئىسلامىي ھايات ئىككى ئىشتا نامايان بولىدۇ: بىرى ئاللاھ تائالاغا تەۋھىد ئېتىقادى بىلەن ئىبادەت قىلىش، يەنە بىرى ئىنسانلارغا ئادالەت ئۆلچىمى بىلەن مۇئامىلە قىلىش. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، نازىل قىلىنغان كىتابلار بۇنىڭ ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ تەۋھىد بىلەن ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن راۋرۇس تۇرغۇچىلار بولۇڭلار»، يەنى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ قىلغان نەسىھەتلەرگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، ئاللاھقا بولغان سۆيگۈ، تەزىم، ئېھتىرام، ئەيمىنىش، ئۈمىد ۋە ئىختىيارىي ئىتائەت قاتارلىقلاردا (ئىبادەتتە) ھېچكىمنى ۋە ھېچ نەرسىنى ئاللاھقا تەڭ قىلماڭلار، شۇنداقلا بۇ قەلبىي ۋە بەدەنىي ئىبادەتلەردىن ئەسلا ۋاز كەچمەڭلار، بۇ ھەقتە ھېچكىم بىلەن مۇرەسسە قىلماڭلار. شۇنىڭدەك، «ھەققانىيەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار»، يەنى گۇۋاھلىق بېرىشتە تۇغقان، دوست ۋە يېقىنلىرىڭلارغا يان باسماڭلار. يات، دۈشمەن ۋە رەقىبلىرڭلارغا ھەقسىزلىق قىلماڭلار. بولۇپمۇ بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ناھەقچىلىق قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يامانلىق قىلغان بولسىمۇ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا ئادىل بولۇڭلار، ئۇلار ئىچىڭلارنى پۇشۇرغان بولسىمۇ ئۇلارغا ھەققانىي مۇئامىلە قىلىڭلار، ئۇلار توغرىسىدا ئادىل بولۇشۇڭلار ۋە ئۇلارغا ھەققانىي مۇئامىلە قىلىشىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن ساقلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ۙ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ۋەدە قىلدى: ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا تەقۋادارلىققا بۇيرۇش بىلەن ئايەتنىڭ بېشىدا تەۋھىد ۋە ئادالەتكە قىلغان بۇيرۇقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئايەتتە تەقۋادارلىق (تەۋھىد ۋە ئادالەت)نىڭ ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، تەقۋادارلارغا مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى (ئۇلاردىن جازانى ساقىت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ئۆز پاناھىغا ئالىدىغانلىقىنى)، شۇنداقلا بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر ئەھلى دوزاختۇر — مۇھەممەد سالىھ
كافىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر ئەھلى دوزاختۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، تەقۋادارلىق قىلمىغانلارنى (كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ياشىغانلارنى) دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 11-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاللاھقا ئىشىنىش ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى ئاللاھتىن قورقۇشيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ هَمَّ قَوْمٌ أَنْ يَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ فَكَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن ساقلىغانلىق) نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى (يەنى سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى) بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى (يەنى سىلەرنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىدى). ئاللاھتىن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن) قورقۇڭلار، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە (ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن) قول سالماقچى بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسۇپ قالدى. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋم سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى بولغاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توسقان ئىدى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن. — ئەنەس ئالىم
يۇقىرىدا (7 - ئايەتتە) مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ياد ئېتىشكە، شۇنداقلا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئاندىن (8 - ئايەتتە) تەقۋادارلىقنىڭ تەۋھىد ۋە ئادالەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، ئاندىن (9 - ئايەتتە) تەۋھىد ۋە ئادالەت ئۈستىدە تۇرغانلارنىڭ مۇكاپاتى، (10 - ئايەتتە) تەۋھىد ۋە ئادالەت ئۈستىدە تۇرمىغانلارنىڭ جازاسى بىلدۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇلار (مۇئمىنلار) بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ باشقا بىر خۇسۇسىي نېمىتىنى ياد ئېتىشكە ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. نېمەتنى ياد ئېتىشكە قىلىنغان ئەمردىن كېيىن تەقۋادارلىققا ئەمر قىلىنىشى، نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنىڭ تەقۋادارلىق بىلەن ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى دىلدا نېمەتنى ياد ئېتىش ياكى تىلدا: «ئاللاھ بۇ نېمەتنى ئاتا قىلدى» دېيىشلا شۈكۈر قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ، ئەكسىچە شۈكۈر - نېمەتنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى دىلدا ئېتىراپ قىلىش، تىلدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە قول - پۇت ئەزالار بىلەن ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئايەتتىكى خۇسۇسىي نېمەتكە كەلسەك، بۇ نېمەت - ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلارنى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىشىدۇر، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدىكى كۇفرى قەۋمى (ئەھلى كىتاب، مۇشرىك، مۇنافىق ۋە باشقا بارلىق كافىرلار گۇرۇھى) مۇئمىنلارنى ئۆلتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىش ۋە مال - مۈلكىنى بۇلاش قاتارلىق مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا بىرقانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى مۇئمىنلارغا قول سېلىشتىن توسقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەر قېتىملىق ھۇجۇمىدا مەغلۇپ بولغان، بەزىدە غالىب كەلگەندەك بولسىمۇ مۇئمىنلارنى يوق قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. نەتىجىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى ئۇ مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن غالىب كەلگەن، ئۇلارنىڭ ۋەتىنى بولغان مەككىنى ۋە ئەتراپتىكى بارلىق كۇفۇر دىيارلىرىنى فەتھ قىلىپ ھەممىسىنى ئىسلام دىيارىغا ئايلاندۇرغان. ئەنە شۇ نېمەتنىڭ شۈكرانىسىمۇ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ، مۇئمىنلارنىڭ ھازىرغىچە قۇچقان زەپەر، ئېرىشكەن غەلىبە ۋە ئالغان غەنىيمەتلەرنى ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاللاھقا تايىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقى، ھېچبىر زامان ئۆز كۈچ - قۇۋۋىتى بىلەن مەغرۇرلىنىش غەپلىتىگە چۈشمەسلىكى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى مۇئمىنلارنىڭ سەمىگە سېلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا 7 ~ 10 - ئايەتلەردە بۇ ئۇممەتتىن ئەھدە ئالغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇممەتنىڭ ئۇ ئەھدىنى ئېسىدە تۇتۇپ ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش يولىنى ئۆگىتىدۇ، ئەھدىگە ۋاپا قىلغانلارغا مۇكاپات، ۋاپا قىلمىغانلارغا جازا ۋەدە قىلىدۇ. 12 ~ 14 - ئايەتلەردە بولسا، بۇ ئۇممەتكە زامان ۋە ماكان جەھەتتىن يېقىن بولغان ئىككى ئۇممەتتىنمۇ (يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلاردىنمۇ) ئۆز ۋاقتىدا ئەھدە ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلماي ئىلاھىي جازاغا دۇچار قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئۇممەتنى (ئۇممەتى مۇھەممەدنى) ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىپ ئىلاھىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە تەرغىب قىلىدۇ، ئەھدىگە ۋاپا قىلماي ئىلاھىي جازاغا دۇچار بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 12-ئايەت) مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) كاپىرلىق پەرز ناماز زاكات پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىوَلَقَدْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَبَعَثْنَا مِنْهُمُ اثْنَيْ عَشَرَ نَقِيبًا ۖ وَقَالَ اللَّهُ إِنِّي مَعَكُمْ ۖ لَئِنْ أَقَمْتُمُ الصَّلَاةَ وَآتَيْتُمُ الزَّكَاةَ وَآمَنْتُمْ بِرُسُلِي وَعَزَّرْتُمُوهُمْ وَأَقْرَضْتُمُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَلَأُدْخِلَنَّكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ فَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مەھكەم ئەھدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (يەنى ئون ئىككى ئايماقنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن) ئون ئىككى باشلىقنى (كېپىللىك ئۈچۈن جەببارلارغا يەنى ئەمالىقەلەرگە) ئەۋەتتۇق ھەمدە ئاللاھ : «مەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن، (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى) ئەگەر سىلەر نامازنى (تەلەپكە لايىق) ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار)، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى مەھكەم ئەھدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى (ئەمر قىلغان نەرسىلىرىمنى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى باشلىقنى تاللاپ چىقىتۇق ھەمدە ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، ئەگەر سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى چىن ۋەدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى ئۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى. بىز ئۇلاردىن ئون ئىككى باشلىقنى خىزمەتكە بەلگىلىدۇق. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئەگەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، ئەلچىلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار، ئۇلارنى قوللاپ ھۆرمەتلىسەڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. سىلەردىن كىم ئۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! بىز ئۆز ۋاقتىدا بەنى ئىسرائىلدىنمۇ ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر قەبىلىسىدىن بىر مۇپەتتىش بەلگىلەپ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان ئىدۇق. ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ئىدۇق: سىلەر ئەھدىگە ۋاپا قىلساڭلارلا مەن سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىمەن، ياردەم بېرىمەن، سىلەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋەتىدىغان ئەلچىلىرىمگە (ئۇلارنىڭ قۇرئاندا زىكىر قىلىنغانلىرىنىڭ ئىسىملىرى داۋۇد، سۇلەيمان، زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملاردۇر) ئىشەنسەڭلار ۋە ئۇلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىسەڭلار، ياخشى ئىشلارغا پۇل - مال چىقىم قىلساڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. ئەمما بۇ ئەھدىنى بەرگەندىن كېيىن ئىچىڭلاردىن كىم كۇفرىلىق قىلىدىكەن، يەنى ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمايدىكەن، ئۇ توغرا يولدىن ئاداشقان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 13-ئايەت) ئەپۇ قىلىش يالغانچىلىق كىتاب ئەھلى كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشى دىللاردىكى كېسەللىكفَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ ۙ وَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَائِنَةٍ مِنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۈرگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنى كەچۈرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇستەھكەم ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا[10]. سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن[11]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئۇلار بىزگە بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزدى، تەۋراتقا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلمىدى، ئەلچىلىرىمىزدىن ئىيسا ۋە مۇھەممەدكە (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن) ئىشەنمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق (رەھمىتىمىزدىن يىراقلاشتۇردۇق) ۋە قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتتۇق، يەنى بىز ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ، قىلغۇچىسىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدىغان قىلىپ بېكىتكەن سىستېما بويىچە ئەھدىنى بۇزۇش ئۇلارنىڭ نەپسلىرىنى بۇلغىدى، فىترەتلىرىنى بۇزدى ۋە قەلبلىرىنى قاتتىقلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەزى پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈردى، مەريەمگە تۆھمەت چاپلىدى، مەريەمنىڭ ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن ئوغلىغا ھاقارەت قىلدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتكەنلىكنىڭ يەنە بىر ئالامىتى شۇكى، ئۇلار قولىدىكى ئىلاھىي كىتابلارنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلىدى، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىلىمدىن (كىتابتىن) نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن ھەمىشە خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن. شۇڭلاشقا ئۇلار ساڭا سەمىمىيلىك توغرىسىدا كاپالەت بەرسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمىگىن. چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى ماڭا (ئاللاھقا) بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان خەق، ساڭا بەرگەن كاپالىتىنى ئاللىبۇرۇن بۇزىدۇ. لېكىن ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر (مۇسۇلمان بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى سەلام ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى) ئۇنداق ئەمەس، بۇلار ئەھدىسىگە سادىق قالغان كىشىلەر بولۇپ، خائىنلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلمايدۇ. سەن بۇ ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشىگە سالاۋات، ئۇلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلغىن، شۇنى بىلگىنكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 14-ئايەت) مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) كاپىرلىق بۇرمىلانغان ئېتىقادلارغا تەنقىد كىتاب ئەھلى كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشىوَمِنَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ أَخَذْنَا مِيثَاقَهُمْ فَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ فَأَغْرَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ وَسَوْفَ يُنَبِّئُهُمُ اللَّهُ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ (ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز «شۈبھىسىزكى، بىز ناسارا» دېگەنلەردىنمۇ مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! بىز خىرىستىيانلاردىنمۇ ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئەھدىسىنى بۇزدى ۋە ئۆزلىرىگە ئۆگىتىلگەن ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك سالدۇق. بۇ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسىدۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە قىلمىشلىرىنىڭ ئەسلىي جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ. 12 ~ 14 - ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ خۇلاسىسى شۇكى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر بەنى ئىسرائىل ۋە خىرىستىيانلاردەك بولماڭلار، ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئەكسى تەقدىردە دۇنيادا لەنەتكە ئۇچرايسىلەر، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 15-ئايەت) كىتاب ئەھلى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى قۇرئاننىڭ ھىدايىتى كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشىيَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِمَّا كُنْتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ ۚ قَدْ جَاءَكُمْ مِنَ اللَّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُبِينٌ
ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (يەنى ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرگە كىتابىڭلاردىكى سىلەر يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇنىنى (ئاشكارىلىماي) كەچۈرۈۋېتىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب قۇرئان كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ[12]. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھتىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى. — ئەنەس ئالىم
(15-16) ئەھلى كىتابنىڭ ئەسكى ئۆلىمالىرى ئۆز كىتابلىرى (تەۋرات ۋە ئىنجىل)دىكى ئەھكام ۋە مەلۇماتلارنىڭ تولىسىنى يوشۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىلىمسىزلىرى ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشەتتى. بۇ ئىككى تەبىقە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى تەشكىل قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بەزى ياخشى ئۆلىمالىرى ئۇلارغا قارشى چىقسىمۇ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر پەيغەمبەر كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ئەمەس، ئەرەبلەردىن بولغاچقا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى چىدىماي ئىنكار قىلغان. ئەمما ئاز ساندىكى ياخشى ئۆلىمالىرى ئىمان كەلتۈرگەن ئىدى. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە ئۇ كۆپچىلىككە «ئى ئەھلى كىتاب!» ئىپادىسى بىلەن خىتاب قىلىنىپ، ئۇلار تەنقىدلىنىدۇ ۋە ھەقكە دەۋەت قىلىنىدۇ. مەزكۇر ئاز سانلىق كىشىلەر بولسا مەدھىيەلىنىدۇ. ئەنە شۇ كۆپچىلىكنىڭ زۇلۇم ۋە قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا «باشتا ھالال قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلغان». ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇم ۋە قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى يوشۇراتتى. شۇنىڭدەك، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز كىتابلىرىدىكى سۈپەتلىرىنى ۋە پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ يوشۇراتتى. ئاللاھ تائالا بۇ (15 - ۋە 16 -) ئايەتلەردە مەزكۇر كۆپچىلىك ئەھلى كىتابقا خىتاب قىلىپ، ئۆز ئەلچىسىنىڭ ئۇلارغا كەلگەنلىكىنى، ئۇ ئەلچىنىڭ ئۇلار يوشۇرۇپ كەلگەن ئەھكام ۋە مەلۇماتلارنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ، بىر قىسمىنى بايان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئەھلى كىتاب! (ئى ئۆزىگە نازىل قىلىنغان كىتابنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان موللىلار! ئى ئۇ موللىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىۋاتقان جاھىللار گۇرۇھى!) سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز (مۇھەممەد) كەلدى. ئۇ ئەلچى سىلەر ئۆز كىتابىڭلاردىن يوشۇرۇپ كەلگەن نۇرغۇن ئەھكام ۋە مەلۇماتلارنى سىلەرگە ئاشكارىلايدۇ، نۇرغۇنلىرىنى ئاشكارىلىمايدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرگە يولۇڭلارنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ۋە ھەر نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان كىتاب (قۇرئان) كەلدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن كىشىنى ئۇ كىتاب بىلەن خاتىرجەملىك يوللىرىغا باشلايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىپ قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقىرىدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 16-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق توغرا يوليَهْدِي بِهِ اللَّهُ مَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَهُ سُبُلَ السَّلَامِ وَيُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِهِ وَيَهْدِيهِمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى تىنچلىق يوللىرى (يەنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقلىرىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى ئىزدىگەنلەرنى نىجاتلىق يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفر) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىمان) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ، ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشىنى ئۇ كىتاب بىلەن قۇتۇلۇش يوللىرىغا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ أَنْ يُهْلِكَ الْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ۗ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھتۇر دېگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) نى ئاللاھتۇر دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كافىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئىرادە قىلغان بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھنى، ئۇنىڭ ئانىسىنى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا قارشى كىم نېمە قىلالايدۇ؟ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر». — ئەنەس ئالىم
خىرىستىيانلار: «ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھ (ئىيسا)دۇر»، «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر»، «ئىلاھ ئۈچتۇر»، «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەن سۆزلەرنى قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن توسىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىش بىلەن كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئايەتتىمۇ باشتا «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ (ئىيسا)دۇر» دېگەن بۇ خىرىستىيانلارنىڭ كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ۋە قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ (ئىيسا)دۇر» دېگەن خىرىستىيانلار ھەقىقەتەن كافىر بولۇپ كەتتى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ مەسىھ ئىيسانى، ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمنى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىشنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھنىڭ بۇ ئىرادىسىگە قارشى تۇرالايدۇ؟ ئەمەلىيەت شۇكى: ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى خالىغان چاغدا خالىغىنى بويىچە يارىتىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئادەمنى تۇپراقتىن ئاتا - ئانىسىز ياراتقان، ئىيسانى مەريەمدىن ئاتىسىز ياراتقان. ئاللاھ بىرەر نەرسە ياراتماقچى بولسا «بولغىن» دەيدۇ، ئۇ نەرسە بولىدۇ. ئاسمانلار، زېمىن، باشقا مەخلۇقاتلار، ئادەم ۋە ئىيسا ھەممىسى ئەنە شۇ «بولغىن» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇق بىلەن ئاپىرىدە بولغان. ئى خىرىستىيانلار! ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدىن بىرى بولغان ئىيسا قانداقمۇ ئاللاھ بولسۇن؟! قانداقمۇ ئاللاھنىڭ ئوغلى بولسۇن؟! ئاللاھ تەرىپىدىن مۆجىزىلىك ھالەتتە ئاتىسىز يارىتىلغان ئەنە شۇ ئىيسا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كېلىپ بۇ ئىيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمگە بەرگەن پەرىشتە جىبرىئىل ۋە ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ، ئۈچى بىرلىشىپ قانداقمۇ «ئۈچلۈك بىر ئىلاھ» بولسۇن؟! بۇ ئېتىقادىڭلاردا زىتلىق يوقمۇ؟ «بىر» قانداقچىسىغا «ئۈچ»، «ئۈچ» قانداقچىسىغا «بىر» بولىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 18-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بۇرمىلانغان ئېتىقادلارغا تەنقىد كىتاب ئەھلىوَقَالَتِ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَىٰ نَحْنُ أَبْنَاءُ اللَّهِ وَأَحِبَّاؤُهُ ۚ قُلْ فَلِمَ يُعَذِّبُكُمْ بِذُنُوبِكُمْ ۖ بَلْ أَنْتُمْ بَشَرٌ مِمَّنْ خَلَقَ ۚ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا ـ بالىدەك يېقىنمىز) ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئاللاھ ياراتقان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ (يەنى مەغپىرەت قىلىنىشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ، ئازاب قىلىنىشنى خالىغان كىشىگە ئاللاھ ئازاب قىلىدۇ). ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟». ئەمەلىيەتتە سىلەر باشقا كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھ ياراتقان ئىنسان. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئەڭ ئاخىرى بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىمىز» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئۇنداق بولسا ئاللاھ نېمە ئۈچۈن سىلەرگە گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟ بەلكى سىلەر ئاللاھ ياراتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولغان ئىنسانسىلەر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر». — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» دەيتتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادلىرىدىن بىرى ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا بۇ ئېتىقادىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلار! پەخىرلىنىپ ۋە ئەقىلسىزلىك قىلىپ: «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر دوزاختا بىرقانچە كۈنلا كۆيۈمىز ، يەنى دوزاختا گۇناھىمىزغا تۇشلۇق ئازاب چېكىمىز» دەيسىلەر. دېمەككى، ئاللاھ سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇ، شۇنداقمۇ؟ خوش! ئەگەر سىلەر راستتىنلا «ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن نېمىشقا ئازابلايدۇ؟ ئاتا ئوغلىنى، دوست دوستىنى ئازابلىماستىن ئەپۇ قىلىپ باغرىغا باسىدۇ، ئەمەسمۇ؟! ئەسلىدە بۇ سۆزلىرىڭلار يالغان - ياۋىداق گەپلەر بولۇپ، خام خىيال ۋە قۇرۇق ئارزۇلارنىڭ مەھسۇلىدۇر، خالاس. ئەكسىچە سىلەر ئاللاھ ياراتقان كىشىلەردىنسىلەر، يەنى ئادەتتىكى كىشىلەرسىلەر! ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا مەغپىرەت، كۇفرىلىق قىلغان ۋە يامان ئىش قىلغانلارغا ئازاب قىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى بولۇپ سىلەرگىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھقا ھېچكىم ئېتىراز قىلالمايدۇ، جۈملىدىن سىلەرمۇ ئېتىراز قىلالمايسىلەر. چۈنكى ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ پادىشاھىدۇر. ھەممىڭلار ئاخىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بارىسىلەر ۋە ھېساب بېرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 19-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كىتاب ئەھلى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەلچى ۋە ئاخىرقى نەبىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەريَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ عَلَىٰ فَتْرَةٍ مِنَ الرُّسُلِ أَنْ تَقُولُوا مَا جَاءَنَا مِنْ بَشِيرٍ وَلَا نَذِيرٍ ۖ فَقَدْ جَاءَكُمْ بَشِيرٌ وَنَذِيرٌ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بىزگە (ساۋاب بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە (شەرىئەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى (ئەمدى سىلەرگە ئۆزرە قالمىدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرنىڭ بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، ئەلچىلەر ئۈزۈلۈپ قالغان زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى. ئەمدى سىلەر: «بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى» دېيەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنىڭ باتىل ئېتىقادلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇلارغا ئەھلى كىتاب كىملىكى بىلەن خىتاب قىلىپ، ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى «بىزگە پەيغەمبەر كەلمىگەن» دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئەھلى كىتاب! يەنى ئى يەھۇدىيلار! ۋە ئى خىرىستىيانلار! سىلەرگە ئەلچىمىز مۇھەممەد كەلدى. ئۇ، ئەلچىلىرىم ئۈزۈلۈپ قالغان بىر ۋاقىتتا سىلەرگە نىجاتلىق ۋە بەخت يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنى ئەۋەتمىگەن بولسام، قىيامەت كۈنى سىلەر بىزگە «بىزگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدىغان، دوزاختىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر كەلمىدى» دەيتتىڭلار. ئەمدى دېيەلمەيدىغان بولدۇڭلار، چۈنكى سىلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدىغان، دوزاختىن ئاگاھلاندۇرىغان ئەلچىمىز كەلدى. ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار ۋە ئەگىشىڭلار، بولمىسا ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى يەھۇدىيلار قولىدىن كەلگەن يامانلىقلارنى قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىچىنى بەك پۇشۇرغان ئىدى. ئاللاھ تائالا 20 ~ 26 - ئايەتلەردە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان بىر قېتىملىق بويۇنتاۋلىقىنى ۋە دۇچار بولغان جازاسىنى بايان قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَعَلَ فِيكُمْ أَنْبِيَاءَ وَجَعَلَكُمْ مُلُوكًا وَآتَاكُمْ مَا لَمْ يُؤْتِ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد قىلىڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا (سىلەرنى توغرا دىنغا يېتەكلەيدىغان) نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سىلەردىن پادىشاھلار قىلدى (يەنى ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلارغا خوجا قىلدى). سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن (دەريانى يېرىپ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىش، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ بېرىش، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىق) نېمەتلەرنى بەردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمگە ئېيتقان ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، سىلەردىن پادىشاھلارنى چىقارغان، سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا نەبىيلەر قىلغان، سىلەرنى ھۆكۈمدارلار قىلغان ۋە ئالەملەردىن ھېچكىمگە بەرمىگىنىنى سىلەرگە بەرگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ساڭا قىلغان ئەدەپسىزلىكىگە، ساڭا قىلغان يامانلىق ۋە ئىشلەتكەن قۇۋلۇق - شۇملۇقلىرىغا قايغۇرمىغىن، پەرۋا قىلمىغىن، چۈنكى بۇلار شۇنداق يامان خەق. بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان. ئۇلارنىڭ بىر قېتىملىق ئەسكىلىكى شۇكى، مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان (دېڭىزنى يېرىپ بېرىشى، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرۇشى، تاشتىن تاتلىق سۇ چىقىرىپ بېرىشى، بۇلۇتنى سايە قىلىپ بېرىشى ۋە مەننە بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بېرىشى قاتارلىق) نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەردىن پەيغەمبەرلەر چىقارغانلىقىنى (ئىبراھىم، ئىسھاق، يەقۇب ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەر سىلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىڭلاردۇر)، سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلارغا خوجايىن قىلغانلىقىنى ئەسلەڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا قَوْمِ ادْخُلُوا الْأَرْضَ الْمُقَدَّسَةَ الَّتِي كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَرْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِكُمْ فَتَنْقَلِبُوا خَاسِرِينَ
ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (يەنى سىلەرنى كىرىشكە ئەمر قىلغان) مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا (ئىككىلا دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە كىرىشنى بۇيرۇغان مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا چېكىنمەڭلار، بولمىسا، زىيان تارتقۇچى بولۇپ قالىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە يازغان مۇقەددەس زېمىنغا كىرىڭلار ۋە ئارقاڭلارغا يانماڭلار. بولمىسا زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالىسىلەر». — ئەنەس ئالىم
ئى قەۋمىم! سىلەر ياخشى بولغان تەقدىردە ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شۇ «مۇقەددەس زېمىن»غا، دۈشمەننىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، ئارقاڭلارغا يانماڭلار. كىرسەڭلار غالىب كېلىسىلەر، يانساڭلار مەغلۇپ بولىسىلەر». ئى مۇھەممەد! بۇ بەنى ئىسرائىل شۇنداق پەسكەش ۋە نومۇسسىز قەۋمكى، مۇساغا مۇنۇ جاۋابنى بەرگەن: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّ فِيهَا قَوْمًا جَبَّارِينَ وَإِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا حَتَّىٰ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنْ يَخْرُجُوا مِنْهَا فَإِنَّا دَاخِلُونَ
ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك (يەنى جاسامەتلىك، قامەتلىك) بىر قەۋم بار (ئۇلار ئاد قەۋمىنىڭ قالدۇقى بولغان ئەمالىقەلەر بولۇپ)، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇيەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك بىر قەۋم بار، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ئۇ يەردە زومىگەر بىر قەۋم بار. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. ئەگەر ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە، چوقۇم كىرىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
«ئى مۇسا! ئۇ يەردە زەبەردەس بىر قەۋم بار. ئۇ قەۋم ئۇ يەردىن چىقمىغىچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە، ئاندىن بىز كىرىمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ رَجُلَانِ مِنَ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمَا ادْخُلُوا عَلَيْهِمُ الْبَابَ فَإِذَا دَخَلْتُمُوهُ فَإِنَّكُمْ غَالِبُونَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَتَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ (ئىمان بىلەن تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالب ئىبن يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن ئىككى ئادەم*[1] ئۇلارغا: «شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، دەرۋازىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھتىن قورقىدىغانلاردىن ئاللاھ ئىنئام قىلغان ئىككى ئەر كىشى: «ئۇلارغا شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر. ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار» دېدى[13]. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياخشى ئادەملەردىن ئىككى كىشى ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، مۇشۇنداق كىرسەڭلار چوقۇم غالىب كېلىسىلەر. ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭلار ۋە شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِنَّا لَنْ نَدْخُلَهَا أَبَدًا مَا دَامُوا فِيهَا ۖ فَاذْهَبْ أَنْتَ وَرَبُّكَ فَقَاتِلَا إِنَّا هَاهُنَا قَاعِدُونَ
ئۇلار: « ئى مۇسا! مادامىكى، ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىسرائىل ئەۋلادى: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ يەردىلا بولىدىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋاردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئى مۇسا! ئۇلار ئۇ مۇقەددەس زېمىندىلا بولىدىكەن، بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار. بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار بۇ ئىككى ياخشى كىشىنىڭ نەسىھىتىدىن كېيىن مۇساغا، «ئى مۇسا! ئۇ زەبەردەس قەۋم ئۇ يەردىلا بولىدىكەن، بىز ئۇ يەرگە ھەرگىزمۇ كىرمەيمىز. ئۇ ھالدا سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ رَبِّ إِنِّي لَا أَمْلِكُ إِلَّا نَفْسِي وَأَخِي ۖ فَافْرُقْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇسا دېدى: «پەرۋەردىگارىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغىلا ئىگىمەن، سەن بىز بىلەن (ئىتائىتىڭدىن باش تارتقان) قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغىلا ئىگە، سەن بىز بىلەن بۇ پاسىق قەۋم ئارىسىدا بىر ھۆكۈم قىلغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغا ئىگە بولالايمەن[14]. بىز بىلەن بۇ فاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا بولسا، بۇ ئەدەپسىزلىك ۋە بۇ سەركەشلىك ئالدىدا ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغىلا ئىگە بولىمەن، بىز بىلەن بۇ فاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ ۛ أَرْبَعِينَ سَنَةً ۛ يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
ئاللاھ دېدى: « ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ . پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»(ئىزاھات: مۇسا ئەلەيھسىسالامنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلدى، ئۇلارنى زېمىندا 40 يىل ئاداشتۇردى.) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ دېدى: «(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى 40 يىلغىچە چەكلەندى، بۇ جەرياندا ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ*[1]. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇقەددەس زېمىن بۇلارغا قىرىق يىل ھارام قىلىندى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. سەن ئۇ فاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ مۇساغا، «ئى مۇسا! ئۇ مۇقەددەس زېمىن ئۇلارغا قىرىق يىل بويىچە ھارام قىلىندى، ئۇلار بۇ قىرىق يىل ئىچىدە چۆلدە ئېزىقىپ يۈرۈيدۇ. ئۇنداقتا بۇ فاسىق قەۋمگە قايغۇرمىغىن، ئۇلارغا ئىچىڭ ئاغرىمىسۇن. ئەسكەرتىش: «مۇقەددەس زېمىننىڭ ئۇلارغا ۋەتەن قىلىپ يېزىلىشى» شەرتلىك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا توغرا، دۇرۇس مېڭىشىغا باغلىق ئىدى. ئۇلار فاسىقلىق قىلىپ (پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ) بۇ سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۇ زېمىننى ھارام قىلغان. ئايەتنىڭ «فاسىق قەۋمگە قايغۇرمىغىن» دەپ ئاخىرلىشىشى بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئەھلى كىتابنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرىنىڭ، خۇسۇسەن ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزۇپ، ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەسلىكى ۋە قىلغان بارلىق قۇۋلۇق - شۇملۇقلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەسەت ئىدى. يۇقىرىدا ئۇلارنىڭ ھەسەت يۈزىسىدىن قىلغان يامانلىقلىرى ۋە دۇچار قىلىنغان جازالىرى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، 27 ~ 31 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئۆز زامانىدىن تارتىپ قىيامەتكىچە بارلىق ئەھلى كىتابقا، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئادەم ئاتىنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، شۇنداقلا ھەسەتنىڭ يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ۋە ھەسەتخورلارنىڭ بۇ قىسسەدىن ئىبرەت ئېلىشىنىڭ لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ ۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمىڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا؟ دېۋىدى، قابىل: «ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ خەۋىرىنى ئەينەن ئېيتىپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. ئۇ (يەنى قابىل): «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېۋىدى، ئۇ (يەنى ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن بىردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: «مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن بارلىق ئىنكارچىلارغا، بولۇپمۇ ئەھلى كىتابقا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ تۆۋەندىكى قىسسەسىنى ئوقۇپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككى ئوغۇل بىردىن قۇربانلىق قىلغان بولۇپ، بىرىنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغان، يەنە بىرىنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنىغا (ھەسەت قىلىپ): «مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېگەن، شۇنداقلا قېرىندىشىنىڭ نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئاندىن ئۇنىڭ جەسىتىنى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ يۈرگەن چېغىدا بىز (ئاللاھ) بىر قاغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىشنى ئۆگەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتىل ئۇنى دەپنە قىلغان (يەرگە كۆمگەن) ۋە شۇ قاغىچىلىك بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپسۇسلانغان ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىدىن ھابىل ۋە قابىل دېگەن ئىككىسى بىرەردىن قۇربانلىق قىلغان. ھابىلنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغان، قابىلنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغان. بۇ، بىر ئوت كېلىپ ھابىلنىڭ قۇربانلىقىنى كۆيدۈرۈشى، قابىلنىڭ قۇربانلىقىنى كۆيدۈرمەسلىكى بىلەن بىلىنگەن. شۇنىڭ بىلەن قابىل ھەسەت قىلىپ ھابىلغا: «سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېگەن، ھابىل: «قۇربانلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقىنىڭ سەۋەبى مەن ئەمەس، ئەكسىچە سېنىڭ فاسىقلىقىڭ، ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ ئەمەللىرىنىلا قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلمىدى» دېگەن. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَئِنْ بَسَطْتَ إِلَيَّ يَدَكَ لِتَقْتُلَنِي مَا أَنَا بِبَاسِطٍ يَدِيَ إِلَيْكَ لِأَقْتُلَكَ ۖ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ
ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقىمەن — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھتىن قورقىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزاتساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتمايمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن. — ئەنەس ئالىم
(28-29) «ئى قېرىندىشىم! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇڭنى ئۇزاتساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قولۇمنى ئۇزاتمايمەن. چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن، ھەمدە سېنىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا مېنى ئۆلتۈرگەن گۇناھىڭنى ۋە قىلغان باشقا گۇناھلىرىڭنى يۈدۈپ كېلىشىڭنى، شۇنداقلا دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى ئارزۇ قىلىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنِّي أُرِيدُ أَنْ تَبُوءَ بِإِثْمِي وَإِثْمِكَ فَتَكُونَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ
مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك) ۋە ئۆزۈڭنىڭ (ئىلگىرىكى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن (ئامالسىزلىقتىن) سېنىڭ مېنىڭ گۇناھىمنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ ئەھلى دوزاخ بولۇشۇڭنى خالايمەن، زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سېنىڭ، مېنىڭ گۇناھىم بىلەن ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىنى ئۈستۈڭگە ئېلىپ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن. مانا بۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر». — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 30-ئايەت) ئادالەتسىزلىك تارىختىن ساۋاقلار دىللاردىكى كېسەللىك نەپسىگە قارشى كۈرەش ۋەسۋەسەفَطَوَّعَتْ لَهُ نَفْسُهُ قَتْلَ أَخِيهِ فَقَتَلَهُ فَأَصْبَحَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى) ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ (قابىل) نىڭ نەپسى خاھىشى ئۇنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (قابىل) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاخىرى نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشنى قوبۇل قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن قابىل نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇپ ھابىلنى ئۆلتۈرگەن ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن (پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن) بولغان، چۈنكى ئۇ قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ جەسىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي مۈرىسىدە يۈدۈپ يۈرگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 31-ئايەت) قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان تارىختىن ساۋاقلار ئادەم تەۋبە قىلىش ئاللاھقا قايتىشفَبَعَثَ اللَّهُ غُرَابًا يَبْحَثُ فِي الْأَرْضِ لِيُرِيَهُ كَيْفَ يُوَارِي سَوْءَةَ أَخِيهِ ۚ قَالَ يَا وَيْلَتَا أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَٰذَا الْغُرَابِ فَأُوَارِيَ سَوْءَةَ أَخِي ۖ فَأَصْبَحَ مِنَ النَّادِمِينَ
ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (يەنى قابىل بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (قاغا بىر ئۆلۈك قاغىنى كۆمۈش ئۈچۈن) يەرنى كولىدى. ئۇ (قابىل بۇننى كۆرۈپ): «ۋاي ئېسىت! مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەنا؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: «ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا ئىككى پۇتى ۋە تۇمشۇقى بىلەن يەرنى كولاپ باشقا بىر قاغىنىڭ تاپىنى كۆمدى. شۇنىڭ بىلەن قابىل بۇ ئەھۋالنى كۆردى ۋە شۇ قاغىچىلىك بولۇپ قېرىندىشى ھابىلنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەپسۇسلاندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 32-ئايەت) ئىنساننىڭ ئىززىتى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئادالەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىمِنْ أَجْلِ ذَٰلِكَ كَتَبْنَا عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنَّهُ مَنْ قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ بَعْدَ ذَٰلِكَ فِي الْأَرْضِ لَمُسْرِفُونَ
شۇ (يەنى قابىلنىڭ ھابىلنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى) سەۋەبتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا راستتىنلا (شانلىق) مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ) تولىسى (كۇفرىدا، ئادەم ئۆلتۈرۈشتە) زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ
شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولغاندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا راستتىنلا ئېنىق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنداق دەپ يازدۇق: «كىم ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىم بىر ئادەمنى ياشىتىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ». شۈبھىسىزكى، ئەلچىلىرىمىز ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇلاردىن كېيىن زېمىندا ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
يەر يۈزىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، (يۇقىرىدىكى 27 ~ 31 - ئايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك) تۇنجى بولۇپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ھەسەت قىلىپ يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن باشلانغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان جىنايەتكە ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا نازىل قىلغان كىتابلىرىدا «كىم ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىم بىر ئادەمنى ياشىتىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ» دەپ يازغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە باشتا يېزىشىنىڭ سەۋەبىنى، ئاندىن يازغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يېزىلغان ئۇ ئىپادىنىڭ مەزمۇنىدىن تۆۋەندىكى ئىككى ھۆكۈم چىقىدۇ: 1) ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنى قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ. 2) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا دەخلى يەتكۈزگەن ۋە ھاياتنىڭ نورمال ئېقىشىغا توسالغۇ بولغانلارنى (بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى 33 - ئايەتتە كۆرسىتىلگەن بويىچە) ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بەنى ئىسرائىلغا ئەلچىلەر ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەلچىلەرنىڭ ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بەنى ئىسرائىلنىڭ تولىسىنىڭ ئەلچىلەر مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەنى ئىسرائىلغا نازىل قىلىنغان كىتابلارغا يېزىلىشى، بەنى ئىسرائىلنىڭ باغرى تاش، ھەسەتخور ۋە قانخور قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. دەرۋەقە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى كۆپ يۈز بېرەتتى، ھەتتا ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ۋە ھەققانىيەتكە بۇيرۇغان كىشىلەرنىمۇ ناھەق ئۆلتۈرەتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن بۇ ھەقتە ئالاھىدە ئەھدىمۇ ئالغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا جَزَاءُ الَّذِينَ يُحَارِبُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا أَنْ يُقَتَّلُوا أَوْ يُصَلَّبُوا أَوْ تُقَطَّعَ أَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُمْ مِنْ خِلَافٍ أَوْ يُنْفَوْا مِنَ الْأَرْضِ ۚ ذَٰلِكَ لَهُمْ خِزْيٌ فِي الدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلىشىپ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قولى ۋە سول پۇتى كېسىلىشى، ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ جازا ئۇلارنى بۇ دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى دارغا ئېسىلىدۇ ياكى قوللىرى ۋە پۇتلىرى چاپراس كېسىلىدۇ ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا رەسۋاچىلىقتۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
(33-34) «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇشۇش» - ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بويىچە تۈزۈلگەن ۋە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش ۋە ئىسيان كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بولسا، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش، قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت سېلىش ۋە ئاسايىشنى بۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئىككى جىنايەت بىر جىنايەتتۇر. بۇ يەردە بىرىنچى ئايەت (33 - ئايەت)، ئەنە شۇ جىنايەتكە بۇ دۇنيادا بېرىلىدىغان جازا قانۇنىنىڭ ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئۇ جىنايەتلەرنىڭ تۈرلىرىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ ماددىلار تۆۋەندىكىچە: 1) ئەگەر جىنايەتچىلەر پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىلا ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇلار دارغا ئاسماستىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. 2) ئەگەر جىنايەتچىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە مال - مۈلۈك بۇلاشتىن ئىبارەت ئىككى جىنايەتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇلار دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. 3) ئەگەر جىنايەتچىلەر مال - مۈلۈك بۇلاش جىنايىتىنىلا ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قول - پۇتلىرى ئوڭ - چەپ قىلىپ (ئوڭ قوللىرى بىلەن سول پۇتلىرى) كېسىلىدۇ. 4) ئەگەر جىنايەتچىلەر ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە مال - مۈلۈك بۇلاش جىنايەتلىرىنى ئۆتكۈزمەستىن، پەقەت قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ ئىنسانلارنى قورقۇتۇش جىنايىتىنلا ئۆتكۈزگەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئەنە شۇ جازالار بۇ جىنايەتچىلەرگە دۇنيادا بېرىلىدىغان جازالاردۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان جازاغا كەلسەك، ئۇ، دوزاخقا تاشلىنىپ بۈيۈك ئازابقا دۇچار قىلىنىش جازاسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىككىنچى ئايەتتە (34 - ئايەتتە)، ئۇ جىنايەتلەرنى قىلغانلار ناۋادا قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلسا (يەنى پۇشايمان قىلىپ تەسلىم بولسا)، ئۇلاردىن مەزكۇر جازالارنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقىنى، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان تەرەپنىڭ ھەققى ساقىت بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى يۇقىرىدىكى جازالار ئاللاھنىڭ ھەققى بولۇپ، ئاللاھ تەۋبە قىلغان جىنايەتچىدىن ئۇنى ساقىت قىلىدۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەقلەر ئۆز پېتى قىلىۋېرىدۇ. شۇڭلاشقا تەۋبە قىلغان جىنايەتچىلەر ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ياكى كىشىلەرنىڭ ۋارىسلىرى تەلەپ قىلغان تەقدىردە ئۇلار (قاتىللار) قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ۋارىسلار خالىسا قىساستىن ۋاز كېچىپ دىيەت ئالىدۇ ياكى تامامەن ئەپۇ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، تەۋبە قىلغان جىنايەتچىلەر بۇلىغان مال - مۈلۈكنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى تۆلەپ بېرىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە، مەزكۇر جىنايەتلەرگە بېرىلىدىغان جازالارنىڭ كۆپلۈكنى ئىپادىلەيدىغان پېئىل تۈرلىرى (گىرامماتىك فورمىلىرى) بىلەن ئىپادىلىنىشى ئۇ جىنايەتلەرنى قىلغانلارنىڭ بىردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە تەشكىللىك ھالدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە يەنە مۇھىم نۇقتا شۇكى: مەزكۇر جىنايەتچىلەر تۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا قوبۇل قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 34-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى تۆۋە-ئىستىغپار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش تەۋبە قىلىش ئاللاھقا قايتىشإِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَقْدِرُوا عَلَيْهِمْ ۖ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 35-ئايەت) جىھاد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت مەنىۋىي يۈكسىلىش ئاللاھتىن قورقۇشيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَابْتَغُوا إِلَيْهِ الْوَسِيلَةَ وَجَاهِدُوا فِي سَبِيلِهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا (تائەت ـ ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن) يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە يېتىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەڭلار[15]، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئۈچ ئىشقا بۇيرۇيدۇ: 1) ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش، 2) ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدەش، 3) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش. بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنچىسى ئىككىنچىسىنىڭ سەۋەبى، ئىككىنچىسى بىرىنچىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۈچىنچىسى بولسا، بىرىنچىسى ۋە ئىككىنچىسىنىڭ مىسالىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان، يەنى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلغان ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يانغان كىشى، بۇ قىلمىشى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى ئىزدىگەن، شۇنداقلا ئاللاھقا يېقىنلاشقان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا ئوخشاش تائەت - ئىبادەتلەرنى قىلغان كىشى، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى توغرا ئىزدىگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھقا دۇئا قىلغاندا «پالانىنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى، پوكۇنىنڭ يۈز - ئابرۇيى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى توغرا ئىزدىگەنلىك بولمايدۇ، چۈنكى كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان يول، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇئاسىدا «ئى ئاللاھ! پالانىنىڭ ھەققى - ھۆرمىتىدىن ماڭا شۇنى ئاتا قىلغىن» دېگەن كىشى تۆۋەندىكى ئۈچ سۆزنىڭ بىرىنى قىلغان بولىدۇ: 1) «ئى ئاللاھ! ئۇ پالانىنىڭ سەندىن ئالىدىغان ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ ماڭا بەرگىن»، 2) «ئى ئاللاھ! ئۇ پالانى قىلغان ئىشنىڭ ساۋابىدىن ماڭىمۇ بەرگىن»، 3) «ئى ئاللاھ! ئۇ پالانىنىڭ ھۇزۇرۇڭدىكى ھۆرمىتى سەۋەبىدىن ماڭا شۇنى بەرگىن». بۇ سۆزلەرنىڭ بىرىنچىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىكتۇر، چۈنكى ھېچكىمنىڭ ئاللاھتىن ئالىدىغان ھەققى يوق. ئىككىنچىسى بولسا ئاللاھنىڭ مۇكاپات ۋە جازا بېرىشتىكى قانۇنىنى بىلمىگەنلىكتۇر، چۈنكى ئاللاھ كىم ياخشى ئىش قىلسا مۇكاپات، كىم يامان ئىش قىلسا جازا بېرىدىغانلىقىنى، ھەر كىشىنىڭ ئۆز يامانلىقىنىڭ جازاسىنى ئۆزى چېكىدىغانلىقىنى ۋە ئۆز ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى ئالىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلدۈرگەن. ئۈچىنچىسىگە كەلسەك، بۇ سۆزمۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەددىنى بىلمىگەنلىكتۇر، چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھۆرمىتى بار ياكى يوقلۇقىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆز باشقىسىنى پاك ھېسابلىغانلىق بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئىنساننىڭ باشقىسىنى تۈگۈل ئۆزىنى پاك ھېسابلىشىنىمۇ ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن توسىدۇ. ناۋادا ئۇ پالانىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا راستتىنلا ھۆرمىتى بولغان تەقدىردە، بۇ ھۆرمەت ئۇ كىشىنىڭ تەقۋالىق قىلغانلىقىغا ئاللاھ ئاتا قىلغان مۇكاپات بولۇپ، پايدىسىنى قىيامەت كۈنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى كۆرىدۇ، يەنى مەزكۇر ھۆرمەتنىڭ بۇ دۇنيادا قازىنىلىشىدا شېپى كەلتۈرگەن ئادەمنىڭ ھېچقانداق تۆھپىسى يوق، ئاخىرەتتە پايدىسىنى كۆرۈشتىمۇ ھەققى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭ پايدىسىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك پەقەت ئۆز ئىگىسىلا كۆرىدۇ. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق باشقىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھۆرمىتى بارلىقىنى تەخمىن قىلىپ، ئاندىن ئۇ تەخمىنىي ھۆرمەتنى ئۆزىنىڭ ياخشىلىقى سۈپىتىدە ئاللاھقا تەڭلەش ھەقىقەتەن يۈزسىزلىك ۋە ھاماقەتلىكتۇر، شۇنداقلا دىننى بىلمىگەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇنىڭدەك، دۇئادا «ئۇلۇغلارنى شېپى كەلتۈرۈش، ئەۋلىيادىن مەدەت، پەيغەمبەردىن شافائەت تىلەش»كە ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشمۇ، ئاللاھقا يېقىنلىشىش يولىنى توغرا ئىزدىمىگەنلىك بولىدۇ، ئەكسىچە ئاللاھقىلا قىلىنىشى كېرەك بولغان دۇئانى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لِيَفْتَدُوا بِهِ مِنْ عَذَابِ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنْهُمْ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كاپىرلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى (ئاللاھ) نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ (فىدىيەسى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كافىرلارنىڭ بولغان، ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنى فىديە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلىپ بەرسىمۇ، بۇ ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
(36-37) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (35 -) ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئۈچ تۈرلۈك ئىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا، مەزكۇر ئۈچ ئىشنى قىلمىغانلارنىڭ كۇفرىلىق قىلغان بولىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنىدە بۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل بايلىق ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولۇپ، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلارنى بەرگەن تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ھايات چېغىدا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ پاك ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل كارۋىنىغا قېتىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ، چۈنكى قىيامەت كۈنى مال - مۈلۈك ۋە بالا ئەسقاتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُرِيدُونَ أَنْ يَخْرُجُوا مِنَ النَّارِ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنْهَا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ
ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ-يۇ، ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار دائىملىق ئازابقا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ-يۇ، ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار دائىملىق ئازابقا قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ چىقالمايدۇ. ئۇلارغا مۇقىم ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
-
وَالسَّارِقُ وَالسَّارِقَةُ فَاقْطَعُوا أَيْدِيَهُمَا جَزَاءً بِمَا كَسَبَا نَكَالًا مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (33 - ئايەتتە) باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى قاراقچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق بىلەن ئاشكارا ئېلىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان جازانى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە (38 - ئايەتتە) باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىق بىلەن يوشۇرۇنچە ئېلىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان جازانى بىلدۈرىدۇ. ئايەتتە «كېسىڭلار!» دېگەن بۇيرۇققا، «بۇ، ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دەپ سەۋەب بايان قىلىنىشى، «كېسىش»نىڭ ھەقىقىي مەنىدە، يەنى بىرەر تىغلىق ئەسۋاب بىلەن ئوغرىنىڭ قولىنى بېغىشىدىن ئايرىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئوغرى كېسىلگەن قولى بىلەن ھەم قىلمىشىنىڭ جازاسىنى چېكىدۇ، ھەمدە باشقىلارغا ئىبرەت بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەزىزلىكى (غالىب ئىكەنلىكى) ۋە ھېكمىتىمۇ ئوغرىنىڭ قولى ھەقىقىي مەنىدە كېسىلگەندە نامايان بولىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئوغرىلىق قىلغان ئەر ۋە ئوغرىلىق قىلغان ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ كېسىش ئوغرىلارنىڭ قىلمىشلىرىغا جازا بولۇشى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن خەلقىئالەمگە ئىبرەت بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىشقا قادىردۇر، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە تاقابىل تۇرىدىغان ھېچقانداق كۈچ يوقتۇر، لېكىن ئاللاھ قۇدرىتىنى ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئىشلىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالانىڭ ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشكە قىلغان ھۆكمى، بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ يېڭىلمەيدىغان قۇدرىتىگە دالالەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭ ئىنتىقام ئالغانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئوغرىلىق جىنايىتىگە مۇۋاپىق جازا ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ كېسىلگەن قولنى كۆرۈپ ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئوغرىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئېلىنىشى قاتارلىق چوڭقۇر مەنىلەرگە دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 39-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى تۆۋە-ئىستىغپار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش تەۋبە قىلىش ئاللاھقا قايتىشفَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، (ئەمەلىنى) تۈزىسە (يەنى ئوغرىلىق قىلىشتىن يانسا)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى (ئوغرىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ (قىلمىشىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(39-40) ئالدىنقى ئايەتتە ئوغرىغا قولى كېسىلىش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ئوغرىنىڭ قولى كېسىلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئوغرىلىق قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەن (يەنى پۇشايمان قىلىپ، ئوغرىلىغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن) كىشىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يەنى ئۇ كىشىنىڭ قولى كېسىلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھىدۇر، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ ئەر - ئايال ئوغرىلارنىڭ قوللىرىنى كەستۈرۈپ ئازابلايدۇ. تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ئوغرىلارنى ئەپۇ قىلىدۇ. ھۆكۈمنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. ھېچكىم ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئېتىراز قىلالمايدۇ. ئەسكەرتىش: ئوغرىغا قانچىلىك مىقداردا بىر نەرسە ئوغرىلىسا قول كېسىش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، قايسى قولىنىڭ كېسىلىدىغانلىقى ۋە قەيەردىن كېسىلىدىغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلار مۇناسىۋەتلىك سۈننەتتە (ھەدىسلەردە) بايان قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كافىرلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقىغا غەمكىن بولاتتى. خۇسۇسەن مۇنافىقلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىگە ۋە ئەھلى كىتابنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى ئىنكار قىلىشىغا بەك ئېچىناتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەزىدە بۇ ھەقتە تەسەللىي بېرىدۇ، بەزىدە غەمكىن بولماسلىققا ئۈندەپ نەسىھەت قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (41 ~ 43 - ئايەتلەردە) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەلچىلىك سۈپىتى بىلەن خىتاب قىلىپ، مۇنافىقلارنىڭ ۋە يەھۇدىيلارنىڭ كۇفرىدا ئەزۋەيلىشىگە قايغۇرماسلىقى، غەمكىن بولماسلىقى ۋە ئىچىنى پۇشۇرماسلىقى ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ، چۈنكى ھەر پۇرسەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق قىلىدىغان مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن قۇۋلۇق - شۇملۇقلارنى قىلىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا سەۋەبچى بولغان ئاساسىي ئامىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇشى ئىدى. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەھۇدىيلارنىڭ بىر قىسىم قەبىھلىكلىرىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بايان قىلىپ تەسەللىي بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئىختىيارنى ئۆزىگە قويىدۇ ۋە ھۆكۈم قىلماقچى بولسا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلار ئۆزئارا كېڭىشىپ تەۋراتنىڭ «زىناخورنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش» ھەققىدىكى ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئۇ ئىلاھىي جازانىڭ ئورنىغا دەررە ئۇرۇش ۋە يۈزىگە قارا سۈركەپ ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈشنى «زىناخورنىڭ جازاسى» قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداقلا بۇ «يېڭى جازا»نى ئۆز ئىچىدىن زىنا قىلغانلارغا ئىجرا قىلىپ كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە بىر زىنا جىنايىتى سادىر بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ چوڭلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە: «مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئۇ ئەگەر بىزنىڭ يېڭى ھۆكۈمىمىز بويىچە دەررە ئۇرۇش ۋە يۈزىگە قارا سۈركەپ ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈشكە ھۆكۈم قىلسا، قوبۇل قىلىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھقا: ‹سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلدۇق› دەپ باھانە كۆرسىتىڭلار. ئۇ ناۋادا تەۋراتتىكى ئەسلى ھۆكۈم بويىچە چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلسا، ئۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلماڭلار» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەر نازىل بولغان. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 40-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىأَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ وَيَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىلەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىلمەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 41-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب مۇناپىقلىق كىتاب ئەھلى كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشى دىللاردىكى كېسەللىكيَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئۆلىمالىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار ۋە يەھۇدىيلار ئىچىدىكى كۇفرغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار (ئۆلىمالىرى ئوقۇغان) يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا بىر قەۋمنىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دىللىرىنى (كۇفردىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئى ئەلچىمىز! كۇفرىلىقتا مۇسابىقىلىشىۋاتقان مۇنافىقلارغا ۋە يەھۇدىيلارغا قاراپ غەمكىن بولمىغىن، خاپا بولۇپ كەتمىگىن، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن. يەھۇدىيلار شۇنداق خەقكى يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، ‹مۇھەممەد سىلەرگە بۇنداق ھۆكۈم قىلسا قوبۇل قىلىڭلار، بۇنداق ھۆكۈم قىلمىسا قوبۇل قىلماڭلار› دەيدۇ، سەن قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازدۇرۇۋاتقان كىشىدىن ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىنى دەپئى قىلالمايسەن. ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ قەلبىنى ھەسەت ۋە نىفاقتىن پاكلىمىغان كىشىلەر بولۇپ، دۇنيادا رەسۋاچىلىققا، ئاخىرەتتە بۈيۈك ئازابقا مەھكۇم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 42-ئايەت) ھارام يالغانچىلىق ئاللاھنىڭ ئادالىتى خىيانەت ۋە ساختىپەزلىك ئادالەت ھۆكۈمدارالارنىڭ جاۋبكارلىقىسَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّالُونَ لِلسُّحْتِ ۚ فَإِنْ جَاءُوكَ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ أَوْ أَعْرِضْ عَنْهُمْ ۖ وَإِنْ تُعْرِضْ عَنْهُمْ فَلَنْ يَضُرُّوكَ شَيْئًا ۖ وَإِنْ حَكَمْتَ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، (پارا ۋە جازانىغا ئوخشاش) ھارامنى يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭ بولىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش سېنىڭ ئىختىيارىڭ)، ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ (چۈنكى ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار يالغانغا بەك قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى بەك يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭمۇ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلماقچى بولساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار دائىم يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى كۆپ يېگۈچىلەردۇر. ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىن ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئەگەر ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈسەڭ، ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ھۆكۈم قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالىدىغان ۋە ھارام يەيدىغان ئادەملەردۇر. ئى مۇھەممەد! ئۇلار يېنىڭغا دەۋا - دەستۇر قىلىشىپ كەلسە، ئۇلارنىڭ دەۋاسى ھەققىدە خالىساڭ ھۆكۈم قىلغىن، خالىساڭ ھۆكۈم قىلمىغىن. ئۇلار ھەر ئېھتىمالدا ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، لېكىن ھۆكۈم قىلساڭ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى سۆيىدۇ، شۇنداقلا مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 43-ئايەت) كاپىرلىق بۇرمىلانغان ئېتىقادلارغا تەنقىد كىتاب ئەھلى كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشى تەۋرات رەسۇلنىڭ مەنبە قىلىنىشوَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِنْدَهُمُ التَّوْرَاةُ فِيهَا حُكْمُ اللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوْنَ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا أُولَٰئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ
ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا (يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايۋاتسا)، (ئى مۇھەممەد!) قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن (يەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن) سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمىگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا، ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىنمۇ سېنىڭ ھۆكمۈڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغان تۇرسا، يەنە قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمەيدىغانلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا قانداقمۇ تەكلىپ قىلسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تەۋرات بار، تەۋراتتا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار! ئاندىن ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەنە شۇلار ھەرگىزمۇ مۇئمىن ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەۋرات بار، تەۋراتتا ئۇلار سەندىن سورىغان مەسىلە ھەققىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ساڭا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار ساڭىمۇ، سېنىڭ ھۆكۈمىڭگىمۇ ۋە تەۋراتقىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئەسكەرتىش: يەھۇدىيلار قۇلاق بەرگەن يالغان سۆز، ئۆز ئىچىدىكى ئەسكى موللىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئان كەرىم توغرۇلۇق ئېيتقان يالغان سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 44-ئايەت) قۇرئاننىڭ مەنبە قىلىنىشى كاپىرلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى تەۋرات ئاللاھتىن قورقۇش ئۆلىمالار ۋە ئۇستازلارإِنَّا أَنْزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ ۚ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِنْ كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ ۚ فَلَا تَخْشَوُا النَّاسَ وَاخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ
بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار. (ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل ـ مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار). كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا ھىدايەت ۋە نۇر بار، ئىتائەتمەن پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇلغان ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىۋېتىشتىن) ساقلاشقا نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى (ئۆزگەرتىپ) ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇ كافىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان. ئۇ ھالدا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار ۋە ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرىدا تەۋراتنىڭ بارلىقى ۋە تەۋراتنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بارلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، تەۋراتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بايان قىلىنىدۇ، تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلغانلار مەدھىيەلىنىدۇ، تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان يەھۇدىيلارنىڭ كافىر بولۇپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىز ئۆز ۋاقتىدا تەۋراتنى نازىل قىلغان. تەۋرات ئىنسانلارنى ھەقكە باشلايتتى، توغرىغا يېتەكلەيتتى، ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرەتتى. ئاللاھقا تەسلىم بولغان پەيغەمبەرلەر (مۇسا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەر) يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلاتتى. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ياخشى ئۆلىمالىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلاتتى، چۈنكى ئۇ زاھىتلار ۋە ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەۋراتنى ساقلاشقا ۋە يەتكۈزۈشكە مەسئۇل قىلىنغان ھەمدە تەۋراتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەر ئىدى. ئى يەھۇدىيلار! تەۋرات ئەنە شۇنداق كىتاب! سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى تەرك ئەتتىڭلار، نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلىدىڭلار، بولۇپمۇ مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنى يوشۇردۇڭلار. بۇ قىلمىشىڭلاردىن يېنىڭلار، تەۋراتقا ئەمەل قىلىشتا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار، تەۋراتنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىش بەدىلىگە دۇنيا مەنپەئەتى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلماسلىق كۇفرىلىقتۇر. شۇڭلاشقا ئىچىڭلاردىن تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلمىغان كىشى كافىر بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَتَبْنَا عَلَيْهِمْ فِيهَا أَنَّ النَّفْسَ بِالنَّفْسِ وَالْعَيْنَ بِالْعَيْنِ وَالْأَنْفَ بِالْأَنْفِ وَالْأُذُنَ بِالْأُذُنِ وَالسِّنَّ بِالسِّنِّ وَالْجُرُوحَ قِصَاصٌ ۚ فَمَنْ تَصَدَّقَ بِهِ فَهُوَ كَفَّارَةٌ لَهُ ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) غا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان (يەنى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلتۈرۈلىدۇ)، كۆزگە كۆز (يەنى كىشىنىڭ كۆزىنى ناھەق قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلىدۇ)، بۇرۇنغا بۇرۇن (يەنى كىشىنىڭ بۇرنىنى ناھەق كەسكەننىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ)، قۇلاققا قۇلاق (يەنى كىشىنىڭ قۇلىقىنى ناھەق كەسكەننىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ)، چىشقا چىش (يەنى كىشىنىڭ چىشىنى ناھەق تۆككەننىڭ چىشى تۆكۈلىدۇ) ۋە (كىشىنى) قانداق يارىدار قىلغان بولسا شۇنداق يارىدار قىلىنىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ. كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا (يەنى ئۇنىڭدىن قىساس ئالمىسا)، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى) غا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە كىشىنى قانداق يارىدار قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق يارىدار قىلىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ، كىمكى جىنايەتچىنى ئەپۇ قىلسا، بۇ ئۇنىڭ گۇناھىغا كەفارەت بولىدۇ، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارغا تەۋراتتا: «جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە يارىلاندۇرۇشلار ئۆز ئوخشىشى بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ» دەپ يازدۇق. كىم ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتسە، گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتىمۇ تەۋراتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىز تەۋراتتا بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دەپ يازدۇق: جانغا جان، كۆزگە كۆز، بۇرۇنغا بۇرۇن، قۇلاققا قۇلاق، چىشقا چىش قىساس ئېلىنىدۇ، يەنى ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، باشقىسىنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلىدۇ، باشقىسىنىڭ بۇرنىنى كېسىۋەتكەن ئادەمنىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ، باشقىسىنىڭ قۇلىقىنى كېسىۋەتكەن ئادەمنىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ، باشقىسىنىڭ چىشىنى سۇندۇرۇۋەتكەن ياكى تۆكۈۋەتكەن ئادەمنىڭ چىشى سۇندۇرۇلىدۇ ياكى تۆكۈۋېتىلىدۇ. شۇنىڭدەك، زەخىملەندۈرۈشلەرنىڭمۇ قىساسى ئېلىنىدۇ، يەنى باشقىسىنىڭ بىرەر ئەزاسىنى ناكار قىلىۋەتكەن ئادەمنىڭ ئوخشاش ئەزاسى ئوخشاش شەكىلدە ناكار قىلىنىدۇ. لېكىن زىيانلانغۇچى تەرەپ جاۋابكارنى ئەپۇ قىلسا ۋە قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، بۇ ئۇ كىشىنىڭ (ئەپۇ قىلغۇچىنىڭ) گۇناھلىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. كىمكى، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلمىسا، يەنى قىساس ئۈچۈن قاتىلدىن باشقىسىنى ئۆلتۈرسە، ياكى بىر كىشىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئىككى كىشىنى ئۆلتۈرسە، ياكى زەخملەندۈرۈشلەردە بىر كۆزنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر قۇلاققا ئىككى قۇلاق، بىر چىشقا ئىككى چىش ناكار قىلىش... دېگەندەك ئىشلارنى قىلسا، مانا بۇنداق قىلغانلار زالىملىق قىلغان بولىدۇ، ھەددىدىن ئاشقان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ فِيهِ هُدًى وَنُورٌ وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) تەستىقلىغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند ـ نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچى ئىيسا ئىبن مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلىدىغان، تەقۋادارارغا ھىدايەت ۋە پەند-نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئىچىدە ھىدايەت ۋە نۇر بولغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلايدىغان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى بەردۇق. — ئەنەس ئالىم
(46-47) ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا تەۋراتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، پەيغەمبەرلەر، زاھىتلار ۋە ياخشى ئۆلىمالارنىڭ تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە بىرىنچى ئايەتتە (46 - ئايەتتە) ئۇ پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتنى تەستىقلايدىغانلىقىنى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئايرىم ھالدا ئىنجىل دەپ بىر كىتاب بەرگەنلىكىنى، ئىنجىلنىڭمۇ تەۋراتنى تەستىقلايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا تەقۋادارلارغا يېتەكچى ۋە نەسىھەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى ئايەتتە (47 - ئايەتتە) بولسا، ئىنجىل ئەھلىنى (خىرىستىيانلارنى) ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى بېرىش بىلەن بىرگە تەۋراتنىمۇ ئۆگەتكەن. شۇڭلاشقا ئىيسا ئەلەيھىسسالام تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىرلىكتە تەبلىغ قىلاتتى، لېكىن تەۋراتتىكى بەزى ھاراملار ئىنجىلنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن ھالال قىلىنغان، يەنى تەۋراتنىڭ بۇ ھاراملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى، ئىنجىلنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىلەن مەنسۇخ قىلىنغان. ئۇ ئىككى كىتابمۇ (تەۋرات ۋە ئىنجىلمۇ) ئەسلىدە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلار بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىق بېشارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئەھلى كىتاب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئان كەرىم ھەققىدە ئۆز كىتابلىرىدىكى ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلسا توغرا ھۆكۈم قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلمىغىچە توغرا يولدا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلْيَحْكُمْ أَهْلُ الْإِنْجِيلِ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فِيهِ ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
ئەھلى ئىنجىللار (يەنى ناسارالار) ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىنجىل ئەھلى ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنجىل ئەھلى، ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن. كىم ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 48-ئايەت) قۇرئاننىڭ مەنبە قىلىنىشى ئىلاھىي ئىرادە ئىلاھىي سىناق قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى قۇرئانغا ئەگىشىشوَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ ۖ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ عَمَّا جَاءَكَ مِنَ الْحَقِّ ۚ لِكُلٍّ جَعَلْنَا مِنْكُمْ شِرْعَةً وَمِنْهَاجًا ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق، قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتاب (قۇرئان) نى نازى قىلدۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن چەتلەپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. (ئى ئۈممەتلەر!) سىلەردىن ھەر بىر ئۈممەتكە بىرخىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى. لېكىن، ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بويىچە، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كۆپ ئۈممەت قىلدى. ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر (نىڭ قايسىسىنىڭ ھەق، قايسىسىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى) توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارنى كونترول قىلغۇچى ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن بۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بىز سىلەردىن ھەر بىرىڭلار ئۈچۈن بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن سىلەرگە بەرگەن نەرسىسىدە[16] سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى. ئۇنداقتا، ياخشى ئىشلاردا بەسلىشىڭلار. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ دەلىلى بولغان ۋە تامامەن ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىتابنى (قۇرئاننى) ساڭا نازىل قىلدۇق. بۇ كىتاب ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئۇ كىتابلارنىڭ بىزنىڭ كىتابلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ - دە، ئىنسانلار ئۆزگەرتكەن، بۇرمىلىغان ۋە يوشۇرغان يەرلەر پاش بولىدۇ. نۇرغۇن مەزمۇنلارنى زىكىر قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى مەزمۇنلارنى زىكىر قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ كىتاب ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى كونترول قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، يەنى بۇ كىتاب (قۇرئان) ئىلگىرىكى كىتابلاردا زىكىر قىلىنغان ۋە قىيامەتكە قەدەر ئىنسانىيەتكە لازىملىق بولغان ھۆكۈم ۋە مەلۇماتلارنى ئەينەن بىلدۈرۈش، ۋاقىتلىق ھۆكۈملىرىنى زىكىر قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ ئورنىغا قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە ۋە ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان يېڭى ھۆكۈم ۋە مەلۇماتلارنى زىكىر قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بارلىق ئىلاھىي كىتابلارنى مەنسۇخ قىلىدۇ. نەتىجىدە بىزنىڭ ئاخىرقى كىتابىمىز ۋە سېنىڭ مەڭگۈ مۆجىزەڭ بولغان قۇرئان قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن يەككە - يېگانە يېتەكچى بولۇپ باقىي قالىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 49-ئايەت) قۇرئاننىڭ مەنبە قىلىنىشى كاپىرلىق ئادالەت پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمە ئاللاھقا ئىتائەتوَأَنِ احْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ وَاحْذَرْهُمْ أَنْ يَفْتِنُوكَ عَنْ بَعْضِ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ إِلَيْكَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَاعْلَمْ أَنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُصِيبَهُمْ بِبَعْضِ ذُنُوبِهِمْ ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ لَفَاسِقُونَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار (ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۇھەممەد!) بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەردىن نۇرغۇنى پاسىقتۇر (يەنى پەرۋەردىگارىنىڭ تائىتىدىن باش تارتىپ، ھەققە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھقا چۆمگۈچىلەردۇر) — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچتۈرۈشىدىن ھەزەر ئەيلىگىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۇھەممەد!) بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى پاسىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئۇلار سېنى ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچۈرمىسۇن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە بىلگىنكى، ئاللاھ ئۇلارغا بەزى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
شۇڭلاشقا ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، شۇنى بىلگىنكى، بىز سىلەردىن ھەر ئۇممەتكە بىر شەرىئەت ۋە بىر يول بەلگىلىدۇق. ئىسلام ھەممە پەيغەمبەر يەتكۈزگەن دىن بولسىمۇ، ئۇ دىننىڭ ھەر پەيغەمبەردىكى شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش يولى پەرقلىق بولغان. ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەممىڭلارنى بىر شەرىئەت ۋە بىر يول ئۈستىدە جەم قىلاتتۇق، لېكىن سىلەرنى سىناش ئۈچۈن ھەر پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىنى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش يولىنى پەرقلىق قىلدۇق. بۇ سەۋەبتىن تەۋراتتا ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەر ئىنجىلدە ھالال قىلىنغان، تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى ئېغىر ھۆكۈملەر قۇرئاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. لېكىن قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن بىرلا شەرىئەت ۋە بىرلا يول بەلگىلەندى. ئى ئىنسانلار! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئۆزئارا بەسلىشىڭلار، ھەممىڭلار ھۇزۇرۇمغا كېلىسىلەر، مەن (ئاللاھ) قىلمىشىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى ۋە جازاسىنى بېرىمەن. ئى مۇھەممەد! ساڭا ھۆكۈم قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلماقچى بولساڭ، بىز نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغىن، دىققەت قىلغىن، ئۇلار سېنى ئالداپ بىز ساڭا نازىل قىلغان بەزى ھۆكۈملەردىن يىراقلاشتۇرمىسۇن، ئەگەر ئۇلار سەن قىلغان ھۆكۈمنى قوبۇل قىلمىسا، بىلگىنكى بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبلىك جازالاشنى ئىرادە قىلغاچقا، ئۇلار شۇنداق بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ. شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى يولدىن چىققان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ ۚ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ حُكْمًا لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ھەق-ناھەقنى ئاڭقىرالايدىغان قەۋمگە ھۆكۈم قىلىشتا ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار جاھىلىيەت ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھتىنمۇ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى بارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ۋە نەپسى خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش بىلەن جاھىلىيەتنىڭ ھۆكمىنى (شەرىئەت ۋە ۋەھىيگە ئاساسلانمىغان ھۆكۈمنى) تەلەپ قىلامدۇ؟! ھەقىقەت شۇكى، جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىلا ئادىل ۋە ھەققانىيدۇر. 41 ~ 50 - ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئەھلى كىتاب ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلىغان، بەزى ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتكەن، بولۇپمۇ سېنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشىڭ ۋە قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەرنى يوشۇرغان. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرمەيدۇ. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە تېخى ۋەھىي نازىل قىلىنمىغان بىرەر مەسىلە توغرىسىدا ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلسىمۇ، «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغان» بولىدۇ، چۈنكى شەرىئەتلەر پەرقلىق بولسىمۇ ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلمىگەنلا بولسا، يېڭى ۋەھىي بىلەن مەنسۇخ قىلىنمىغىچە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَىٰ أَوْلِيَاءَ ۘ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ ۋەلىلىرىدۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى ۋەلى قىلىۋالىدىكەن، ئۇمۇ شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر ـ بىرىگە يېقىندۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ. ئاللاھ يامان ئىش قىلغان قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. ئۇلار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. سىلەردىن كىم ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە ئۇلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! يەھۇدىيلارنى ۋە خىرىستىيانلارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار مۇئمىنلارغا قارشى بىر - بىرلىرىنىڭ دوستىدۇر. سىلەردىن كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن ئۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇلارنى دوست تۇتۇش بىلەن ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىك قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَىٰ أَنْ تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ ۚ فَعَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِنْ عِنْدِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا أَسَرُّوا فِي أَنْفُسِهِمْ نَادِمِينَ
دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
دىللىرىدا كېسەللىك بارلار (مۇناپىقلار) نىڭ بىزگە بىرەر پالاكەتچىلىك كېلىپ قالمىسۇن دەپ، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يېقىندا (مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە ئاتا قىلىدۇ ياكى بىرەر ھۆكۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، دىلىدا كېسىلى بارلار ئۇلارنى كۆڭلىدە يۇشۇرۇن دوست تۇتقانلىقى ئۈچۈن نادامەت چېكىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنىڭ: «بىزگە پالاكەت كېلىشىدىن قورقىمىز» دەپ ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتا بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. يېقىندا ئاللاھ پەتىھنى ياكى ئۆز تەرىپىدىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى، ئاندىن ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوشۇرغان نەرسىگە پۇشايمان قىلغۇچىلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن[17]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى دوست تۇتۇشتا بىر - بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار بۇ قىلمىشىغا بىرەر بالا - مۇسىبەتكە يولۇقۇشتىن قورققانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىدۇ، يەنى ئۇلار: «بىز يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياكى باشقا يەردىن يامانلىق كەلسە يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى دوست تۇتىمىز» دەيدۇ. يېقىندا ئاللاھ مۇئمىنلارغا زەپەر نېسىپ قىلىشى ياكى بىرەر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ (مۇنافىقلارنىڭ ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ) ئەپتى - بەشىرىسىنى چىتقا يېيىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىغا (يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتقانلىقىغا) پۇشايمان قىلىپ قېلىشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ ۚ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ
(بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە ـ مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر ـ بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە ئاللاھ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەر مۇشۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇ چاغدا مۆمىنلەر: «بىز قەتئىي سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم ئىچىەنلەر شۇ كىشىلەرمۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولدى، شۇڭا ئۇلار زىيان تارتقۇچى بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ چاغدا مۇئمىنلار: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلغانلار شۇلارمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالدى. — ئەنەس ئالىم
مۇئمىنلار: «بىزگە، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، ‹بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە› دېگەن ئادەملەر شۇلارمۇ» دېيىشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ئادەملەرنىڭ (يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتقانلارنىڭ) قىلمىشلىرى بىكار بولۇپ كەتتى، شۇنداقلا ئۇلار زىيان تارتقۇچىلارغا ئايلاندى، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: يەھۇدىيلارنى، خىرىستىيانلارنى ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنى كۇفرىلىقى ئۈچۈن يامان كۆرۈش كېرەك بولسىمۇ، ئۇلارغا مۇئامىلىدە ئادىل بولۇش ۋە ئۇلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشكە توغرا كەلسە ھەققانىيەت بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش لازىم، ھەتتا ئۇلارنىڭ مۇئمىنلار بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە بولمىغانلىرىغا ياخشىلىق قىلىشقا بولىدۇ. ناۋادا بۇلار ئاتا - ئانا ياكى ئۇرۇق - تۇغقان بولغان تەقدىردە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە سىيلە - رەھىم قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئۆزىنىڭ دىنى بولغان ئىسلامنى باشقا دىنلار ئۈستىدىن، ئۆز دىنىنىڭ دىندارلىرىنى باشقا دىنلارنىڭ دىندارلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغانلارنى ئاخىرەتتە ئازابقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۈملىدىن يۇقىرىدا بىرقانچە ئايەتتە (41 ~ 53 - ئايەتلەردە) ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئەنە شۇ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇئمىنلارنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ، شۇنداقلا ئەكسى تەقدىردە ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. 54 ~ 56 - ئايەتلەردە بولسا، ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېنىۋالغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ئاللاھ ئۆز دىنىنى ۋە ئۆز دىنىنىڭ دىندارلىرىنى غالىب قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 54-ئايەت) جىھاد ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىلاھىي ئىرادە مۇرتەدلىكيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَنْ يَرْتَدَّ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللَّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَائِمٍ ۚ ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، (ئاللاھ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى (ئىسلام دىنىدىن) يانىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۆزى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كەمتەر، كافىرلارغا قاتتىق قول، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى ئۇزاققا قالماي كەلتۈرىدۇ. بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش ئاللاھنىڭ پەزلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ پەزلى كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن كىم دىنىدىن يانىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا باشقا قەۋم مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارغا كەمتەر ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك، كافىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ ۋە ھېچبىر مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئىچىڭلاردىن كىم دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەمما دىنىدىن يانغانلارنىڭ بىلىشى لازىمكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن ياخشى بىر قەۋم كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇ قەۋمنى سۆيۈپ ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئۇ قەۋم ئاللاھنى سۆيۈپ لايىق رەۋىشتە تائەت - ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇ، بىر - بىرىگە كەمتەر، كافىرلارغا قاتتىق قول، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە ھېچبىر ئەيىبلىگۈچىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقمايدىغان قەۋمدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسلامنىڭ زەپىرىدە مۇنافىق ۋە مۇرتەتلەرنىڭ تۆھپىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ يامان ئادەمگە ياخشى ئىشنى نېسىپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئىسلامنىڭ زەپىرى ئاللاھنى لايىق رەۋىشتە سۆيۈش بىلەن ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە نائىل بولغان، بىر - بىرىگە كەمتەر ۋە كۆيۈمچان، كافىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك، ئاللاھ يولىدا جەڭگىۋار ۋە قورقماس مۇئمىنلار جامائەسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇش ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بولۇپ، ئاللاھ بۇنى ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ سۈپەتلەرگە كىملەرنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 55-ئايەت) ئېتىقادىي دوست ۋە دۈشمەن يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پەرز ناماز زاكات ئاللاھقا ئىتائەتإِنَّمَا وَلِيُّكُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ رَاكِعُونَ
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇىدىغان مۆمىنلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر ۋە نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغان، زاكات بېرىدىغان، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنىدىغان مۆمىنلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ۋەلىيىڭلار ئاللاھتۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان مۇئمىنلاردۇر. ئۇ مۇئمىنلار ئاللاھقا تولۇق ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر. شۇنىڭدەك، نامازنى كامىل ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان مۇئمىنلاردۇر؛ يەنى سىلەرنىڭ دوستۇڭلار ئاللاھ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە ئۆزۈڭلاردۇر (بىر- بىرىڭلارنىڭ دوستىسىلەر). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 56-ئايەت) ئىمان ئاللاھقا ئىشىنىش ئېتىقادىي دوست ۋە دۈشمەن ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ئاللاھقا ئىتائەتوَمَنْ يَتَوَلَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالَّذِينَ آمَنُوا فَإِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْغَالِبُونَ
كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، (ئۇ ئاللاھنىڭ جامائەسىدىندۇر). ئاللاھنىڭ جامائەسى (ئەلۋەتتە) غالىبتۇر — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، ئاللاھنىڭ بۇنداق جامائەسى ئەلۋەتتە غالىبتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى ۋە مۇئمىنلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھنىڭ گۇرۇھى چوقۇم غالىب كەلگۈچىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
كىم ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە مۇئمىنلارنى دوست تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى ئۇ ئاللاھنىڭ گۇرۇھىدىن بولىدۇ. شۇ بىر ھەقىقەتكى، ئاللاھنىڭ گۇرۇھىلا غالىب كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 57-ئايەت) كاپىرلىق ئېتىقادىي دوست ۋە دۈشمەن دىننى مەسخىرە قىلىش كىتاب ئەھلى ئاللاھتىن قورقۇشيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَكُمْ هُزُوًا وَلَعِبًا مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَالْكُفَّارَ أَوْلِيَاءَ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر ئىچىدىكى دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇن-تاماشا دەستىكى قىلىۋالغانلارنى ۋە كافىرلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالغانلار بىلەن كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار. — ئەنەس ئالىم
(57-58) ئاللاھ تائالا 51 - ئايەتتە يەھۇدىي - ناسارالارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەيدۇ. بۇ ئايەتلەردە ئۇلارنى ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەش بىلەن ئۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى تەكىتلەيدۇ ۋە بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ (51 -) ئايەتتە يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتۇش ئاشكارا مەنئى قىلىنىدۇ، باشقا بارلىق كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن مەنئى قىلىندىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. يەھۇدىيلارنى ۋە ناسارالارنى دوست تۇتقانلارنىڭ «زالىم قەۋم»گە ئايلىنىپ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى بۇنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇ (51 -) ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ (57 - ۋە 58 - ) ئايەتلەردە يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ۋە يامان قىلمىشلىرى ئىكەنلىكىمۇ بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتلەردە باشتا «دىنىڭلارنى مەسخىرە قىلغان ۋە ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەن كىشىلەرنى دوست تۇتماڭلار» دېيىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ «ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەن كىشىلەر» ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، ئۇلاردىن باشقا بارلىق ئىسلام مۇخالىپلىرى، «كافىرلار» دېگەن سۈپەت بىلەن چەكلىمە دائىرىسىگە ئېلىنىدۇ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ نامازغا ئېيتىلغان ئەزاننى مەسخىرە قىلغانلىقى ۋە ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ «ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋم» ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. پۈتۈن بۇلار مەزكۇر چەكلىمىنىڭ كىشىلىك بىلەن ئەمەس، ئېتىقاد ۋە يامان قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلار كافىرلارنى كافىر بولغانلىقى، ئىسلامغا تەنە قىلغانلىقى ۋە ئىسلامىي تەۋەررۈكلەرگە ھاقارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ناۋادا بىرەر كافىر كۇفرىلىقتىن يېنىپ ئىسلامغا كىرسە مۇئمىنلار ئۇنى ئۆز قېرىندىشى بىلىپ باغرىغا باسىدۇ. يەنى كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقى ۋە ئىسلامغا بولغان قارشىلىقى تۈگىسە، مۇئمىنلارنىڭ ئۇلارغا ساقلىغان ئۆچمەنلىكىمۇ تۈگەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ
سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۈشەنمەس قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار ئەقلى ئىشلىمەيدىغان قەۋم بولغاچ، نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن-تاماشا دەستىكى قىلىۋالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 59-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار كاپىرلىق ئىمان بۇرمىلانغان ئېتىقادلارغا تەنقىد كىتاب ئەھلىقُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ هَلْ تَنْقِمُونَ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلُ وَأَنَّ أَكْثَرَكُمْ فَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار جامائەسى) پەقەت بىزنىڭ ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، بۇنىڭدىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار پاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىزنى ئەيىبلەمسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! بىزنىڭ ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار پاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا بىزنى ئەيىبلەمسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! بىز ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا، ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار فاسىق بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىزگە نەپرەت قىلىۋاتامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ مۇئمىنلارنى يامان كۆرۈش سەۋەبلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ سەۋەبلەر مۇئمىنلارنىڭ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەنلىكى، ئاللاھ نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئەھلى كىتابنىڭ كۆپچىلىكىنى ئازغۇن دەپ قارىغانلىقىدۇر. دېمەككى، مۇئمىنلار بىلەن ئەھلى كىتاب ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ھەق بىلەن باتىل، توغرا بىلەن خاتا ۋە ئادالەت بىلەن زۇلۇمنىڭ پەرقلىق بولۇشىدۇر. شۇڭلاشقا، كافىرلار بىلەن مۇئمىنلار بىرى - بىرىگە زىت ئىككى قۇتۇپتۇر. مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيدىن يىراقلاشقان تەقدىردىلا دوست تۇتىدىغانلىقىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ هَلْ أُنَبِّئُكُمْ بِشَرٍّ مِنْ ذَٰلِكَ مَثُوبَةً عِنْدَ اللَّهِ ۚ مَنْ لَعَنَهُ اللَّهُ وَغَضِبَ عَلَيْهِ وَجَعَلَ مِنْهُمُ الْقِرَدَةَ وَالْخَنَازِيرَ وَعَبَدَ الطَّاغُوتَ ۚ أُولَٰئِكَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضَلُّ عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ شۇنداق كىشىلەرگە بېرىلگەن جازاكى، ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزغا ئايلاندۇرۇۋەتتى، بىر قىسمىنى شەيتانغا چوقۇنىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر، ئۇلار توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقانلاردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا جازاسى ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان، غەزەپ قىلغان، بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن كىشىلەردۇر، شۇنداقلا ئۇلار تاغۇتقا ئىبادەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئورنى ئەڭ يامان بولغان ۋە توغرا يولدىن بەكمۇ ئاداشقان كىشىلەردۇر». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز زامانىدىكى ئەھلى كىتابقا، ئۇلارنىڭ ئەجدادىنىڭ تېخىمۇ يامان ۋە تېخىمۇ ئازغۇن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئېغىر جازالارغا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا جَاءُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَقَدْ دَخَلُوا بِالْكُفْرِ وَهُمْ قَدْ خَرَجُوا بِهِ ۚ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا كَانُوا يَكْتُمُونَ
(يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى) يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار (ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا) كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى (يەنى سەندىن ئاڭلىغان ئىلىمدىن پايدىلانمىدى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى نىفاقىنى ۋە كۇفرىنى) ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلاردىن بولغان مۇناپىقلار يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇلار يېنىڭلارغا كۇفر بىلەن كىرىپ كۇفر بىلەن چىقىپ كەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى مۇناپىقلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يېنىڭلارغا كەلگەندە: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى. ئاللاھ ئۇلار يوشۇرغان نەرسىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(61-63) ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە، 57 - ئايەتتىكى چەكلىمىنىڭ يەنى مۇئمىنلارنىڭ ئەھلى كىتابنى ۋە باشقا كافىرلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلىشىنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارنىڭ يېنىغا مۇنافىقلىق قىلىش ئۈچۈن كېلىشى، گۇناھ قىلىشتا ۋە مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىك قىلىشتا ئۆزئارا بەسلىشىشى، ھارام يېيىشى، ئۇلارنىڭ زاھىتلىرىنىڭ ۋە ئۆلىمالىرىنىڭ ئۆز ۋەزىپلىرىنى ئادا قىلماسلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يەھۇدىيلار گۇناھ قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە غەزىپىگە يولۇققان قەۋمدۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ يامان گۇناھى ئاللاھ تائالا ھەققىدە ئەڭ قەبىھ ئىككى سۆزنى قىلىشىدۇر: ئۇ سۆزلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دېيىشى . ئىككىنچىسى بولسا، ئۇلارنىڭ: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق (ئاللاھ بېخىل)» دېيىشىدۇر. ئاللاھ تائالا 64 ~ 66 - ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ بۇ ئىككىنچى قەبىھ سۆزنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى «ئۇلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن، ئۇلارغا لەنەت ياغسۇن!» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرى بىلەن قارغايدۇ ۋە لەنەت ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ قۇرئانغا قارشى تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى، ئۇلارنىڭ بىر - بىرىنى يامان كۆرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدىغانلىقى، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقى، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈشى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈشىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشىنىڭ تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يُسَارِعُونَ فِي الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سېلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ تولىسىنى گۇناھ قىلىشتا، دۈشمەنلىك قىلىشتا ۋە ھارام يېيىشتە بەسلىشىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 63-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ئۆلىمالار ۋە ئۇستازلار ياخشىلىققا بۇيرۇش يامانلىقتىن توسۇش كىتاب ئەھلىلَوْلَا يَنْهَاهُمُ الرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ عَنْ قَوْلِهِمُ الْإِثْمَ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
زاھىتلار ۋە ئۆلىمالار نېمىشقا ئۇلارنى گۇناھ سۆزنى ئېيتىشتىن ۋە ھارامنى يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 64-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كاپىرلىق ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق كىتاب ئەھلىوَقَالَتِ الْيَهُودُ يَدُ اللَّهِ مَغْلُولَةٌ ۚ غُلَّتْ أَيْدِيهِمْ وَلُعِنُوا بِمَا قَالُوا ۘ بَلْ يَدَاهُ مَبْسُوطَتَانِ يُنْفِقُ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا ۚ وَأَلْقَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ كُلَّمَا أَوْقَدُوا نَارًا لِلْحَرْبِ أَطْفَأَهَا اللَّهُ ۚ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا ۚ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (ئاللاھ بېخىلدۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى (كەرىمى) كەڭدۇر، قانداق رىزىق بېرىشنى خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ. (يەھۇدىيلار ھەققە بوي ئەگمەيدىغان بولغاچقا) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق» دېدى[18]. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن قوللىرى باغلانسۇن ۋە ئۇلار لەنەتكە قالسۇن! ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر[19]، خالىغىنىچە چىقىم قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئۇلار ھەرقاچان ئۇرۇش ئۈچۈن ئوت ياقسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈردى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق (ئاللاھ بېخىل)» دېدى، «يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن، ئۇلارغا لەنەت ياغسۇن!» - يەنى يەھۇدىيلار بېخىل ۋە لەنەتگەردى بولۇپ كەتسۇن -، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىككىلى قولى يېيىلغۇچىدۇر، يەنى ئاللاھ تائالا پۈتكۈل جانلىقلارنى لازىملىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، خۇسۇسەن ئىنسانىيەتكە سان - ساناقسىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى ياغدۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزى خالىغان كىشىنى باي، ئۆزى خالىغان كىشىنى پېقىر قىلىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنى پادىشاھ، ئۆزى خالىغان كىشىنى پۇقرا قىلىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنى ئەزىز، ئۆزى خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە ھېكمىتى چوڭقۇر زات ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا باشقۇرۇشتا يەككە - يېگانە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان يەھۇدىيلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىلىق قىلىشىنى ئارتتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەسەت قىلىپ قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ ۋە مۇئمىنلارنى ئىمانىدىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىغا ھەددىدىن ئېشىش ۋە كۇفرىلىقىغا كۇفرىلىق قوشۇلىدۇ. ئى مۇھەممەد! بىز يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىشلىرىغا دۇنيادا بىر جازا سۈپىتىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك سالدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىرقىلەرگە بۆلۈنگەن، ھەر پىرقە ئۆز قارىشىغا چىڭ ئېسىلىۋېلىپ باشقا قاراشتىكى پىرقىلەرنى ئەيىبلەيدىغان، ھەتتا دىنسىز دەپ قارايدىغان تارقاق ۋە قورقۇنچاق قەۋمگە ئايلاندى، نەگە بارسا خارلىقتا ۋە موھتاجلىقتا قالدى. ئۇلار قاچان ئۇرۇش ئوتى ياقسا (يەنى ئۇلار قاچانىكى مۇئمىنلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغىسا) ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەقستىگە يېتەلمىدى. بۇ ئىش قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 65-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىمان كىتاب ئەھلى ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا)وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْكِتَابِ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَكَفَّرْنَا عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأَدْخَلْنَاهُمْ جَنَّاتِ النَّعِيمِ
ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) (ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي) ئىمان ئېيتسا ۋە (ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن) پەرھىز قىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتسا ۋە تەقۋادار بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۈرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتەتتۇق ۋە ئۇلارنى نەئىم[20] جەننەتلىرىگە كىرگۈزەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا، بىز ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىراتتۇق ۋە ئۇلارنى نېمەت جەننەتلىرىگە كىرگۈزەتتۇق. چۈنكى ئۇلار ئۆز كىتابلىرىغا لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىشەنمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى كۇفرىلىق ھېسابلىنىپ ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. كافىرلار لايىق رەۋىشتە ئىمان ۋە ئەمەلگە ئىگە بولمىغىچە ھەرگىزمۇ ئەپۇ قىلىنمايدۇ ۋە دۇنيا - ئاخىرەتتە ئىلاھىي جازادىن قۇتۇلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ أَنَّهُمْ أَقَامُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ مِنْ رَبِّهِمْ لَأَكَلُوا مِنْ فَوْقِهِمْ وَمِنْ تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ ۚ مِنْهُمْ أُمَّةٌ مُقْتَصِدَةٌ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ سَاءَ مَا يَعْمَلُونَ
ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يېيىشەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان ـ زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى)، ئۇلاردىن بىر جامائە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلار) توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نېمىدېگەن يامان ئىش قىلغۇچىلار! — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىدىن ۋە ئايىغى ئاستىدىن بېرىلگەن رىزىقنى يەيتتى، ئۇلاردىن بىر جامائە توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببى تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن يېگەن بولاتتى[21]. ئۇلاردىن توغرا يولنى تۇتقان بىر ئۇممەت بار. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئەھلى كىتاب تەۋرات، ئىنجىل ۋە ئۆزلىرىگە رەببىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئانغا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىپ تولۇق ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار «ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن يېگەن بولاتتى»، يەنى ئۇلار يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىناتتى، قىلغان تىجارەتلىرىدىن پايدا ۋە تېرىغان زىرائەتلىرىدىن مول ھوسۇل ئالاتتى، شۇنداقلا باياشاتلىق ئىچىدە ياشايتتى، چۈنكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا تولۇق ئەمەل قىلىش، كىشىنى مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالدىدا ماڭغۇزۇش بىلەن بىرگە باياشاتلىق ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىرىدۇ. ئىلاھىي كىتابنى تاشلاپ مەنپەئەت چۈشەنچىسى بويىچە ئىش قىلىدىغانلار، ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالىدۇ، شۇنداقلا كەمبەغەللىك، يوقسۇللۇق، پەرىشانلىق ۋە خورلۇق ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى تولۇق ئىجرا قىلىنغان جەمئىيەتتە ھېچكىم قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ، ھەركىم ھەققىنى ئالىدۇ، ھەر كىم بايلىق، مولچىلىق ۋە باياشاتلىقنى قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئىزدەيدۇ. مانا مۇشۇنداق چاغدا ئۇ جەمئىيەتكە ئاسماندىن نېمەتلەر ياغىدۇ، زېمىندىن بايلىقلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇرت مەمۇرچىلىققا چۆمىدۇ، ئىنسانلار پاراۋانلىققا ئېرىشىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئەھلى كىتابنىڭ ئاز بىر قىسمى (ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن) ياخشى كىشىلەردۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 67-ئايەت) ئاللاھقا ئىشىنىش ئاللاھنىڭ ھىدايىتى پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمە رەسۇلغا ئەگىشىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىيَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَإِنْ لَمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ ۚ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، سەن ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپەڭنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن[22]. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى ئىنسانلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاخىرقى پەيغەمبىرى بولۇشقا تاللاپ، ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان ۋە قۇرئان كەرىمنى تەبلىغ قىلىشقا (يەتكۈزۈشكە) باشتىلا بۇيرۇغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزى ساقلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەزىپىسىنى لايىقىدا ئادا قىلغان. ئەڭ ئاخىردا نازىل قىلىنغان ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا «بۈگۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم ۋە نېمىتىمنى تاماملىدىم» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى ئېيتىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەينەن يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆمرىنىڭ ئاخىرىلىرىدا نازىل قىلىنغان سۈرىلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ (مائىدە) سۈرىسىنىڭ بۇ ئايىتىدە (67 - ئايىتىدە) قۇرئاننى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدىغانلىقى ۋەدە قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا بۇ بۇيرۇق ۋە ساقلاش ۋەدىسى بۇ يەردە ئالدىنقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئالاھىدە تەكرارلانغان (ۋەللاھۇ ئەئلەم). دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە (41 ~ 66 - ئايەتلەردە) يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇنافىقلارنىڭ بىر قىسىم قەبىھلىكلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئانغا تۇتقان سەلبىي پوزىتسىيەلىرىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئىچىنى پۇشۇرماسلىقى، ئۇلارغا قارشى دىققەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلىشى لازىملىقى قاتارلىقلار ھەققىدە نەسىھەت، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە بۇيرۇقلارنى بەرگەندىن كېيىن، ئەھلى كىتابنىڭ (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ) ئازغىنە قىسمىنىڭ ياخشى ئادەملەر، كۆپچىلىكىنىڭ يامان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ (67 -) ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇنافىقلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكىگە، يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ يامان ئادەملەر ئىكەنلىكىگە قاراپ مەيۈسلەنمەستىن ئۇلارغا قۇرئاننى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاھىدە ئەمر قىلىدۇ، ئەكسى تەقدىردە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان بولىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. مۇنافىقلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ خالىغان كىشىگە ھىدايەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ھىدايەت قىلىشقا تاللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَسْتُمْ عَلَىٰ شَيْءٍ حَتَّىٰ تُقِيمُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ ۗ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا ۖ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، سىلەر ئېتىبارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق ۋە كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ، كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن (چۈنكى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر (ھەقىقىي دىندىن) ھېچ نەرسىنىڭ ئۈستىدە بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، شۇڭا كافىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، ھېچ نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر». شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. ئۇ ھالدا سەن ئۇ كافىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن! — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (66 - ئايەتتە) يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ مول رىزىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (68 -) ئايەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ ھەق دىندا بولۇشى ئۈچۈن تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئانغا ئەمەل قىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى تەۋرات ۋە ئىنجىل ئۇلارنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ئەمر قىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىلاھىي ئەمرگە بويسۇنسا قۇرئانغا ئىشىنىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، شۇنداقلا ھەق دىننى تاپىدۇ. ئۇلار بۇ ھەق دىننىڭ دىندارى بولسا، مەزكۇر ئۈچ كىتابقا ئەمەل قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى قۇرئانغا ئىشىنىش تۈگۈل، ھەددىدىن ئېشىشتا ۋە كۇفرىلىق قىلىشتا ئەزۋەيلىدى، چۈنكى قۇرئان ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە سالغان زۇلۇملىرىنى، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئىلاۋە قىلىش، ئايەتلىرىنى بۇرمىلاش، يوشۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق قەبىھلىكلىرىنى پاش قىلدى، ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن چىقمىغان پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە ۋە ئەگىشىشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۆپچىلىك ئاچچىقلاپ ھەمدە ھەسەت قىلىپ قۇرئان كەرىمگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىدى، شۇنداقلا ھەددىدىن ئېشىشىغا ھەددىدىن ئېشىش ۋە كۇفرىلىقىغا كۇفرىلىق قاتقان بولدى. ئاللاھ تائالا ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرماسلىققا بۇيرۇيدۇ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ كافىر قەۋم ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 69-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات غەيبكە ئىشىنىش ئىمان ئەھلى كىتاب بىلەن ئورتاق نۇقتىلار كىتاب ئەھلىإِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئُونَ وَالنَّصَارَىٰ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۆمىنلەردىن، يەھۇدىيلاردىن، پەرىشتىلەرگە ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلاردىن، ناسارالاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم- ئەندىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مۆمىنلەرگە، شۇنداقلا يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ۋە ناسارالار ئىچىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا (ئاخىرەتتە) غەم قىلىش ۋە قايغۇرۇش يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن[23] ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ئۈچۈن قاراڭ: 2 - سۈرە (بەقەرە)، 62 - ئايەتنىڭ تەپسىرى. ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن ئۆز كىتابلىرىغا (تەۋرات ۋە ئىنجىلغا) ئەمەل قىلىش، كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلەش توغرىسىدا ئەھدە ئالغان. ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىدە تۇرمىغان. بولۇپمۇ يەھۇدىيلار كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىنكار قىلغان، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلاردىن ئەنە شۇ ئەھدىنى ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەھدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەھشىي جىنايەت ۋە قەبىھ گۇناھلارنى قىلغانلىقىنى بىرقانچە قېتىم زىكىر قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردە 70 - ۋە 71 - ئايەتلەردىمۇ، ئۇلاردىن ئەھدە ئالغانلىقىنى، ئۇلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتكەنلىكىنى، ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەت ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىپ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ: «بۇ قىلمىشلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن جازالاندۇرۇلمايمىز» دەپ ئويلاپ، نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالىمغانلىقىنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى، لېكىن ئاللاھنىڭ جازالاندۇرۇشى بىلەن تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتكەنلىكىنى ۋە قايتا باياشاتلىققا ئېرىشكەنلىكىنى، ئاندىن يەنە ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ نەسىھەتلەرنى ئېسىدىن چىقىرىپ ھەقتىن يىراقلاشقانلىقىنى ۋە جازالاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 70-ئايەت) مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) تارىختىن ساۋاقلار كىتاب ئەھلى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىلَقَدْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَأَرْسَلْنَا إِلَيْهِمْ رُسُلًا ۖ كُلَّمَا جَاءَهُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُهُمْ فَرِيقًا كَذَّبُوا وَفَرِيقًا يَقْتُلُونَ
بىز بەنى ئىسرائىلدىن ھەقىقەتەن چىن ئەھدە ئالدۇق. ئۇلارغا (دىننىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن) پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر بۆلۈكىنى يالغانچى قىلدى، بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردى — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ھەقىقەتەن چىن ۋەدە ئالدۇق. ئۇلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىرەر ئەلچى ئۇلارغا، كۆڭۈللىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە، ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن تەۋراتتا مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا توغرا يولغا يېتەكلىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق، لېكىن ئۇلار ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىدى؛ ئۆزلىرىگە قاچان بىرەر ئەلچىمىز كۆڭۈللىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە، ئۇلار ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچىغا چىقاردى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 71-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى كاپىرلىق غەپلەت كىتاب ئەھلى ئاللاھقا قايتىشوَحَسِبُوا أَلَّا تَكُونَ فِتْنَةٌ فَعَمُوا وَصَمُّوا ثُمَّ تَابَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ثُمَّ عَمُوا وَصَمُّوا كَثِيرٌ مِنْهُمْ ۚ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
ئۇلار، (بىز ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلىدى. ئۇلار كور بولدى (يەنى ھەقىقەتنى كۆرمىدى)، ئۇلار گاس بولدى (يەنى ھەقىقەتنى ئاڭلىمىدى)، ئاندىن كېيىن (ئۇلار تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە (ھەقنى كۆرۈشتىن) كور بولدى، يەنە (پەند ـ نەسىھەت ئاڭلاشتىن) گاس بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلاپ، كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئۇلار تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بېشىمىزغا بالايىئاپەت كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ كور بولدى، گاس بولدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنە كور بولدى، گاس بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئىسرائىل ئەۋلادى: «بالايىئاپەتكە يولۇقمايمىز، ئاللاھ بىزنى جازالىمايدۇ» دەپ ئويلاپ كورلۇق قىلدى، گاسلىق قىلدى؛ توغرا يولدىن يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ ئۇلارغا دۈشمەنلىرىنى ھۆكۈمران قىلىپ خارلىق، پېقىرلىق ۋە خانىۋەيرانچىلىق تېتىتتى، ئاندىن ئۇلار گۇناھلىرىنى تونۇپ تەۋبە قىلغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلدى. بۇ ھادىسىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنە كورلۇق قىلدى، گاسلىق قىلدى؛ توغرا يولدىن چەتنىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ۋاقتى كەلگەندە يەنە جازالىغۇچىدۇر. تەپسىرلەردە ئۇلارنىڭ بۇ ئايەتتە ئىشارەت قىلىنغان ئىككى قېتىملىق گۇناھى ۋە ئىككى قېتىملىق ئىلاھىي جازاغا دۇچار بولۇشى توغرىسىدا بىرقانچە ئېھتىمال زىكىر قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى، بۇ ئايەتنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بەنى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىككى چوڭ ھادىسىگە ئىشارەت قىلىشىدۇر، چۈنكى بۇ ئېھتىمالدا ئايەتنى ئايەت تەپسىر قىلىدۇ. ئۇ ئىككى ھادىسە تۆۋەندىكىچە: 1) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 - ئەسىردە يېڭى بابىل ئىمپېرىيەسى (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 539 - 626 يىللار ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن) ئىمپېراتورلىرىدىن بۇختۇنەسسەر قەدىمكى يەھۇدىيە پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قۇددۇس شەھىرىگە ئوت قويغان، مەسجىدنى (مەسجىدى ئەقسانىڭ ئورنىدىكى ئىبادەتگاھنى) يىقىپ تاشلىغان ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلگە ئېلىپ كەتكەن. بەنى ئىسرائىلنىڭ بۇ سۈرگۈن دەۋرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 530 - يىللاردا پارسلار (ئىران) پادىشاھى كىرۇسنىڭ بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ غالىب كېلىشى بىلەن رەسمىي ئاخىرلاشقان، چۈنكى پادىشاھ كىرۇس بەنى ئىسرائىلنى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل يۇرتىغا قايتقان، شەھىرىنى يېڭىدىن قۇرغان ۋە مەسجىدنى قايتا سالغان، شۇنداقلا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مانا بۇ شەكىلدە بولغان. بۇ ھادىسە «بابىل سۈرگۈنى، بابىل ئاسارىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. 2) رىم ئىمپېرىيەسى مىلادىيىدىن 40 يىل ئىلگىرى قۇددۇسنى ئىشغال قىلغان ۋە ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، قۇددۇسقا يەھۇدىيلاردىن ئەمىرلەر تەيىنلىگەن ۋە ئۇلار ئارقىلىق بەنى ئىسرائىلنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان. بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن يەھۇدىيلار رىم ئىمپېرىيەسىگە ۋە ئۇنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىققان قورچاقلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن رىم قەيسەرى (پادىشاھى) سىسىئانۇس مىلادىيەنىڭ 40 - يىللىرى ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئوغلى تىتۇسنىڭ قومانلىقىدا قۇددۇسقا نۇرغۇنلىغان ئەسكەر ئەۋەتكەن. بۇ ئەسكەرلەر قۇددۇسقا كېلىپ شەھەرنى ۋەيران قىلغان ۋە مەسجىدكە ئوت قويغان. تىتۇس مىڭلارچە يەھۇدىينى ئۆلتۈرگەن، مىڭلارچىسىنى ئەسىرگە ئالغان، شۇنداقلا شەھەرنىڭ ئىدارىسىنى قايتا قولىغا ئالغان. ئاندىن مىلادىيەنىڭ 130 - يىللىرى رىم ئىمپېراتورلىرىدىن ھادرىئانۇس شەھەرگە كىرىپ، شەھەرنى تامامەن ۋەيران قىلىۋەتكەن، ھەتتا قۇددۇس زېمىنىنى تۇز ئېلىشتۇرۇپ زىرائەت ئۈنمەيدىغان قىلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن ۋە تىرىپىرەن بولۇپ كەتكەن. قۇددۇس خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرىيەنىڭ 16 - يىلى سۈلھى بىلەن فەتھى قىلغانغا قەدەر رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھاكىمىيىتىدىن چىقمىغان. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە بەنى ئىسرائىلنىڭ بېشىغا ئىككىنچى قېتىملىق ئىلاھىي جازا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق بىر قىسىم كىشىلەر كۆپچىلىك قىلغان گۇناھلاردىن ساقلانغانلىقىغا، شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە جازاغا يولۇققانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. دېمەككى، ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادا بىر مىللەتكە قىلىدىغان مۇئامىلىسى (جازالىشى ياكى رەھمەت ئاتا قىلىشى) ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمىشىغا باغلىق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ ۖ وَقَالَ الْمَسِيحُ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۖ إِنَّهُ مَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ ۖ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىيسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر» دېگۈچىلەر كافىر بولدى، ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر كافىر بولدى. ئەمەلىيەتتە مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
«ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېگەنلەر ھەقىقەتەن كافىر بولۇپ كەتتى. ھالبۇكى، مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ (ئىيسا) بەنى ئىسرائىلغا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭمۇ رەببىم ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. بۇنداق زالىملارنىڭ ھەرگىزمۇ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ» دېگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدْ كَفَرَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ ثَالِثُ ثَلَاثَةٍ ۘ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ وَإِنْ لَمْ يَنْتَهُوا عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
«ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر» دېگۈچىلەر شەكسىز كافىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، «ئاللاھ ئۈچنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەنلەرمۇ كافىر بولدى[24]. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار دەۋاتقان سۆزىدىن يانمىسا، ئۇ كافىرلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەنلەرمۇ كافىر بولۇپ كەتتى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر! بۇ ناشايان سۆزنى قىلغانلار ناۋادا بۇ سۆزنى قىلىشتىن توختىمىسا كۇفرىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 74-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى تۆۋە-ئىستىغپار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش تەۋبە قىلىش ئاللاھقا قايتىشأَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا بولمامدۇ؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەمدۇ؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلار بۇ كۇفرىلىقنى تاشلاپ تەۋبە قىلسا ۋە ئىستىغپار ئېيتسا بولمامدۇ؟! ئاللاھ سەمىمىي تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ، ئەمەسمۇ! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 75-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر بۇرمىلانغان ئېتىقادلارغا تەنقىد پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەيسا مەريەممَا الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ وَأُمُّهُ صِدِّيقَةٌ ۖ كَانَا يَأْكُلَانِ الطَّعَامَ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ الْآيَاتِ ثُمَّ انْظُرْ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ
مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەتلا پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى (باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا) تاماق يەيتتى. بىزنىڭ ئۇلارغا (يەنى ناسارالارغا) بۇ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ پەقەتلا ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر. ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى. قارىغىنا، ئۇلارغا ئايەتلەرنى قانداق بايان قىلىۋاتىمىز. ئاندىن يەنە قارىغىنا، ئۇلار قانداق بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ناسارالار! شۇنى بىلىڭلاركى، مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ رەبمۇ ئەمەس، ئىلاھمۇ ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. مەريەم بولسا، بەنى ئىسرائىلنىڭ ياخشى ئاياللىرىدىن بىرىدۇر. ئۇلار ئانا - بالا ئىككىسى ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن ئىككى ئىنسان. ئىككىلىسىنىڭ تاماق يېيىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. تاماق يېيىشكە، ئاندىن يېگەن تاماقنىڭ زىيانلىق قىسمىنى ۋۇجۇدىدىن تەرەت قىلىپ چىقىرىۋېتىشكە موھتاج بولىدىغان بىرى ئىلاھ ياكى رەب بولۇشقا لايىقمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ لايىق ئەمەس. ئى مۇھەممەد! قارىغىنا، بىز بۇ ھەقىقەتنى قانداقمۇ ئېنىق بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار قانداقمۇ ئەقىلسىزلىك قىلىۋاتىدۇ؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 76-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى شېرىك تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقُلْ أَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا ۚ وَاللَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارغا): «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن، دەلىلگە قارىمىغان ۋە ئەقلىنى ئىشلەتمىگەن بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئىبادەت قىلساڭلار سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان، ئىبادەت قىلمىساڭلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە (ئىيساغا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمگە) ئىبادەت قىلامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر، بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان، نىيەت ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 77-ئايەت) قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئازغۇنلۇق توغرا يول بۇرمىلانغان ئېتىقادلارغا تەنقىد كىتاب ئەھلىقُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ غَيْرَ الْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعُوا أَهْوَاءَ قَوْمٍ قَدْ ضَلُّوا مِنْ قَبْلُ وَأَضَلُّوا كَثِيرًا وَضَلُّوا عَنْ سَوَاءِ السَّبِيلِ
(ئى مۇھەممەد!) »ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا يولسىزلىق قىلىپ چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا ھەقتىن ھالقىپ چەكتىن ئاشماڭلار. ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى: «ئى ناسارالار! دىنىڭلاردا ھەق بولمىغان ئىشلارنى ئېتىقاد قىلىش، سۆزلەش ۋە قىلىش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. مەسىلەن: ئىيساغا ھۆرمەت قىلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئۇنى ئىلاھ ياكى رەب دېمەڭلار، ئۇنداق ئېتىقادمۇ قىلماڭلار. ئەجدادىڭلار ئۇنى ‹ئىلاھ، رەب›، ئانىسىنى ‹تەڭرىنىڭ ئانىسى› دەپ توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. سىلەر ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرى بىلەن ئويدۇرۇپ چىققان باتىللىرىغا ئەگەشمەڭلار!» . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لُعِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَلَىٰ لِسَانِ دَاوُودَ وَعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى كافىرلارغا (زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىسرائىل ئەۋلادىدىن كافىر بولغانلار، داۋۇدنىڭ ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقىدىن بولدى. — ئەنەس ئالىم
(78-81) بەنى ئىسرائىل (يەھۇدىيلار) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزۇش، قەبىھ گۇناھلارنى قىلىش ۋە ۋەھشىي جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ۋە غەزىپىگە يولۇققان قەۋمدۇر، ئاللاھ تائالا بۇنى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە قېتىم بىلدۈرىدۇ، جۈملىدىن بۇ ئايەتلەردىمۇ ئۇلاردىن ئۆتمۈشتە ياشىغان بىر قىسىم كافىرلارنىڭ، ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تىلى بىلەن لەنەتلىنىشى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغان بەنى ئىسرائىلنىڭ قۇۋلۇق - شۇملۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇئمىن ئەمەسلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئىككى پەيغەمبەر داۋۇد ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملاردۇر. ئۇ كافىرلارنىڭ بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تىلى بىلەن لەنەتلىنىشىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەنگەنلەرنىڭ شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشقا قويۇلغان ئىلاھىي چەكلىمىنى ھىيلە بىلەن بۇزغان، شۇنداقلا ئاللاھ تەرىپىدىن مايمۇن ۋە توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن كەنت ئاھالىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ . ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن لەنەتلەنگەنلەرنىڭ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھ ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن كۇفرىلىق قىلغان بەنى ئىسرائىل ئىكەنلىكى بىلدۈرىلىدۇ. بۇلارغا قىلىنغان لەنەتنىڭ شەكلى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە بىرەر مەلۇمات يوق، لېكىن تەپسىرلەردە بۇلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئايىبەت قىلىشى بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن تۇڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى تائىپىنىڭ لەنەتلىنىشىنىڭ سەۋەبى، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەرك ئېتىشى، ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشى ۋە بىر - بىرىنى يامانلىق قىلىشتىن توسماسلىقى قاتارلىق گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلىشىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكلىرى بولسا، تولىسىنىڭ مۇشرىكلار ۋە مۇنافىقلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلارنى دوست تۇتۇشى، ئۇلارنى مۇئمىنلارغا قارشى كۈشكۈرتۈشى ۋە مۇئمىنلارغا قارشى ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! چۈنكى ئۇلار بۇ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدۇ ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈ ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولسا ئىدى، ئۇنداق قىلمىغان بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى يولدىن چىققان كىشىلەردۇر . يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلار (باشقا بارلىق كافىرلار) مۇئمىنلارنى يامان كۆرىدۇ، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشىشىگە چىدىمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ناسارالارنىڭ ئاداۋىتى يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئاداۋىتىگە نىسبەتەن بىرئاز تۆۋەندۇر. 82 ~ 86 - ئايەتلەردە بۇ مەسىلە ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 79-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ياخشىلىققا بۇيرۇش يامانلىقتىن توسۇش كىتاب ئەھلى دىللاردىكى كېسەللىككَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَنْ مُنْكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر ـ بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىر - بىرىنى قىلغان يامانلىقىدىن توسۇشمايتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
-
تَرَىٰ كَثِيرًا مِنْهُمْ يَتَوَلَّوْنَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ لَبِئْسَ مَا قَدَّمَتْ لَهُمْ أَنْفُسُهُمْ أَنْ سَخِطَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَفِي الْعَذَابِ هُمْ خَالِدُونَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ كاپىرلارنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرۈش يۈزىسىدىن مۇشرىكلارنى) دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان ئەمەللىرى نېمىدېگەن يامان! (بۇ ئەمەللەر) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
سەن يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن قىلغان قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! بۇ قىلمىشلار ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ كافىرلارنى ئۆزلىرىگە ۋەلىي قىلىۋالغانلىقىنى كۆرىسەن. نەپسىلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان نەرسە، يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا غەزەپ قىلىشى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَوْ كَانُوا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالنَّبِيِّ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مَا اتَّخَذُوهُمْ أَوْلِيَاءَ وَلَٰكِنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتسا ئىدى، كاپىرلارنى دوست تۇتمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتقان بولسا ئىدى ، كافىرلارنى دوست تۇتمايتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، نەبىيگە ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتقان بولسا، كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 82-ئايەت) كەمتەرلىك ئېتىقادىي دوست ۋە دۈشمەن شېرىك ئەھلى كىتاب بىلەن ئورتاق نۇقتىلار كىتاب ئەھلى ئۆلىمالار ۋە ئۇستازلارلَتَجِدَنَّ أَشَدَّ النَّاسِ عَدَاوَةً لِلَّذِينَ آمَنُوا الْيَهُودَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا ۖ وَلَتَجِدَنَّ أَقْرَبَهُمْ مَوَدَّةً لِلَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّ مِنْهُمْ قِسِّيسِينَ وَرُهْبَانًا وَأَنَّهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن. بىز ناسارا دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن. بۇ، ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلار بولغانلىقى ۋە (ھەقنى قوبۇل قىلىشتا) تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) سەن يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن، «بىز ناسارا» دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن، بۇنداق بولۇشى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلارنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىك جەھەتتە ئەڭ شىددەتلىك بولغۇچىلارنىڭ يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. مۇئمىنلارغا دوستلۇق جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغۇچىلارنىڭ «بىز ناسارامىز» دېگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. چۈنكى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلار بار، ھەمدە ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ مۇئمىنلارغا قاتتىق ئاداۋەت قىلغانلىقىنى كۆرىسەن. شۇنىڭدەك، ناسارالارنىڭ مۇئمىنلارغا سۆيگۈ جەھەتتىن ئۇ ئىككى تائىپىدىن يېقىنراق ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرىسەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلار بار، ھەمدە ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ. بۇ يەردىكى «ئالىملار» - ئاللاھ تائالانىڭ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا بەرگەن جاۋابىدا زىكىر قىلىنغان تەقۋادار، زاكاتنى بېرىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشىنىدىغان، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى تەۋرات ۋە ئىنجىلدە كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «راھىبلار» بولسا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا لايىق رەۋىشتە ئەگىشىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن قەلبلىرىگە مەرھەمەت ۋە شەپقەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاز سانلىق راھىبلارنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ناسارا راھىبلىرىنىڭ تولىسى يەھۇدىيلارنىڭ ئەسكى موللىلىرىغا ئوخشاش دىننى سۇيىئىستېمال قىلىپ جان باقاتتى. بۇ ياخشى ئالىم ۋە راھىبلار تەۋرات بىلەن ئىنجىلغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ناسارالارنىڭ مۇئمىنلارغا ئاداۋەت قىلىش جەھەتتە يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارغا نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ناسارالارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغان پىرقە بولۇشىدۇر. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ناسارالار مۇئمىنلارغا سۆيگۈ جەھەتتە يېقىندۇر. ئەمما يەھۇدىيلارغا كەلسەك، ئۇلار كىبىرلىك قەۋمدۇر، شۇڭلاشقا ئۇلار تەۋراتقا لايىق رەۋىشتە ئىشەنمىگەن، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىنجىلغا ھېچ ئىشەنمىگەن. ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئانغا ئىشەنمەسلىكىمۇ تەكەببۇرلۇقىدىن بولغان. مۇشرىكلار بولسا، ئۇلارمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەكەببۇرلۇقىدىن ئىشەنمىگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا سَمِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَى الرَّسُولِ تَرَىٰ أَعْيُنَهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ مِمَّا عَرَفُوا مِنَ الْحَقِّ ۖ يَقُولُونَ رَبَّنَا آمَنَّا فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش قويۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى (پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ[25] قاتارىغا يازغىن. — ئەنەس ئالىم
ناسارالارنىڭ مۇئمىنلارغا سۆيگۈ جەھەتتە يەھۇدىيلارغا ۋە مۇشرىكلارغا نىسبەتەن يېقىن بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، ئۇ ناسارالار رەسۇلۇللاھقا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نازىل قىلىنغان قۇرئانغا قۇلاق سالغان چاغلىرىدا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئاننى ئاڭلىغاندا تەۋرات ۋە ئىنجىلدا ۋەدە قىلىنغان ھەقنىڭ (ئاخىرقى پەيغەمبەر ۋە ئاخىرقى كىتابنىڭ) يېتىپ كەلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ - دە، «رەببىمىز! بىز ئىشەندۇق، بىزنى بۇ قۇرئاننىڭ ھەق كىتاب، بۇ قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن مۇھەممەدنىڭ راستتىنلا سەن ئەۋەتكەن ئەلچى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ قاتارىغا يازغىن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 84-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى غەيبكە ئىشىنىش ئىمان تەۋھىد ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشوَمَا لَنَا لَا نُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا جَاءَنَا مِنَ الْحَقِّ وَنَطْمَعُ أَنْ يُدْخِلَنَا رَبُّنَا مَعَ الْقَوْمِ الصَّالِحِينَ
بىز نېمىشقا ئاللاھقا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر قاتارىدا (جەننەتكە) كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» — مۇھەممەد سالىھ
بىز نېمىشقا ئاللاھقا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر بىلەن بىللە (جەننەتكە) كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز نېمىشقا ئاللاھقا ۋە بىزگە كەلگەن ھەقكە ئىمان ئېيتمايمىز؟ ھالبۇكى، بىز رەببىمىزنىڭ بىزنى ياخشى قەۋمنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈشىنى تەمە قىلىمىز». — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ناسارالار: «بىز رەببىمىزنىڭ بىزنى ياخشى قەۋم بىلەن بىللە جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى تەمە قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئاللاھقا ۋە بىزگە كەلگەن ھەقكە نېمىشقا ئىمان كەلتۈرمەيمىز!» دېگەن سۆزنىمۇ ئېيتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَثَابَهُمُ اللَّهُ بِمَا قَالُوا جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْمُحْسِنِينَ
بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارنى بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. مانا بۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەنە شۇ كونا ناسارا ۋە يېڭى مۇسۇلمانلارغا بۇ سۆزى (سەمىمىي ئىمانى) سەۋەبلىك ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى مۇكاپات سۈپىتىدە ئاتا قىلىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ (ساغلام ئەقىدە، راست سۆز ۋە ياخشى ئەمەلگە ئىگە بولغانلارنىڭ) مۇكاپاتىدۇر. ئۇلار ھەم ئۆز كىتابلىرىغا ھەمدە قۇرئانغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئەجر ئېلىشقا لايىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
كاپىر بولغانلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتمىغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر دوزاخ ئەھلىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن ناسارالارغا بېرىدىغان مۇكاپاتنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان بارلىق كافىرلارنىڭ دوزاخ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 87-ئايەت) يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرى جائىز ئىسراپ ئاللاھقا ئىتائەت ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا)يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحَرِّمُوا طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ (ئىزاھات: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋېتىش، گۆش يېمەسلىك، ئاياللارغا يېقىن يولىماسلىق نىيىتىگە كەلگەن ئىدى، بۇ توغرىدا بۇ ئايەت نازىل بولغان.) — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ئۆزۈڭلارغا ھارام قىلماڭلار،بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشماڭلار. ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلماڭلار ۋە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(87-88) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (82 ~ 85 -) ئايەتلەردە ناسارالارنىڭ مۇئمىنلارغا، نىسبەتەن يېقىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلارنىڭ بارلىقىنى بۇ يېقىنلىقنىڭ بىر سەۋەبى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى (87 - ۋە 88 -) ئايەتتە بولسا، ئومۇمىي مۇئمىنلارنى، مۇسۇلمان بولغان كونا ناسارا ئالىملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى، تەقۋادارلىق نامى بىلەن تەرك ئەتكەن پاك نەرسىلەرنى ھارام ھېسسابلاشتىن ۋە ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ. ئۇلارنى، ئۆزى (ئاللاھ) رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يېيىشكە بۇيرۇيدۇ. تەقۋادارلىقنىڭ ھالال نەرسىلەردىن ساقلىنىش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، مۇئمىن ھاراملاردىن ساقلىنىشى، جۈملىدىن ھارام يېمەسلىكى، ھالاللاردىن، ئىسراپ قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ حَلَالًا طَيِّبًا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي أَنْتُمْ بِهِ مُؤْمِنُونَ
ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ھالال ۋە پاك رىزىقتىن يەڭلار، ئۆزۈڭلار ئىمان ئېيتقان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَٰكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الْأَيْمَانَ ۖ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ ۖ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ ۚ ذَٰلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ ۚ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستىن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. (بۇنداق قەسەمنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەفارىتى ئائىلەڭلاردىكىلەرگە بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا بىر قۇردىن كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەفارىتىدۇر. قاچان قەسەم ئىچسەڭلار، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىكتىن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. بۇنداق قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلەرگە بېرىدىغان تائامنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدىن ئون مىسكىنگە تائام بېرىشتۇر ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى تاپالمىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. ئەنە شۇ قەستەن قەسەم قىلىپ بۇزغان چېغىڭلاردا، ئۇنىڭ كەففارىتىدۇر. قەسىمىڭلاردا تۇرۇڭلار. ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
قەسەم ئەسلى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ياكى قىلمىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ۋە ياكى ئىرادىسىنىڭ چىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئېيتىلغان سۆز دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. قەسەم تىلىمىزدا «ئانت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قەسەم قىلىشقا رۇخسەت بېرىش بىلەن بىرلىكتە تايىنى يوق ئىشلارغا قەسەم قىلىشتىن ۋە قەسەم قىلىشنى ئادەت قىلىۋېلىشتىن توسىدۇ. يالغان قەسەم قىلىشنى ئەيىبلەيدۇ، قەسىمىدە تۇرمىغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. موھتاجلارغا خەيرخاھلىق قىلماسلىق ئۈچۈن قەسەم قىلىشتىن توسىدۇ. بىرەر ياخشى ئىشنى قىلماسلىق ياكى بىرەر يامانلىقنى قىلىش توغرۇلۇق قىلىنغان قەسەمنى بۇزۇپ كەففارەت بېرىشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «بىھۇدە قەسەم»نى كەچۈرىدىغانلىقىنى ۋە «چىگىلگەن قەسەم»نى بۇزغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، «بىھۇدە قەسەم»نى كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «چىگىلگەن قەسەم»نى بۇزۇشنىڭ كەففارىتىنى (گۇناھنى يۇيۇش بەدىلىنى) بايان قىلىدۇ. بۇ كەففارەت - قەسەم قىلىپ بۇزغان كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە بېرىدىغان تاماقنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدىن ئون مىسكىنگە تاماق بېرىشىدۇر ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشىدۇر ۋە ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشىدۇر. بۇلاردىن بىرىگە قۇربى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشىدۇر. ئەسكەرتىش: «چىگىلگەن قەسەم» - قەسەم قىلىش رۇخسەت قىلىنغان بىرەر ئىش ئۈچۈن، قەسەمنى نىيەت قىلىپ قىلىنغان قەسەمنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا 90 ~ 93 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى مەست قىلغۇچى نەرسە ئىستېمال قىلىش، قىمار ئويناش، بۇتقا قۇربانلىق قىلىش، پال بېقىش ۋە پال باقتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ (90 - ئايەت، ئۇ نەرسىلەرنىڭ قەتئىي ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەت بولۇپ، مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرۇلۇق نازىل بولغان ئاخىرقى ئايەتتۇر)، مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمارنىڭ زىيانلىرىنى بايان قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا، بولۇپمۇ يۇقىرىدىكى بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشقا، شۇنداقلا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ قەتئىي بۇيرۇق يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى مەست قىلغۇچى نەرسە ئىستېمال قىلغان ۋە قىمار ئوينىغانلارنىڭ گۇناھكار بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، ئىلاھ قىلىپ تىكلەنگەن نەرسىلەرگە چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش پەقەت شەيتاننىڭلا ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار[26]، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن، قىمار ئويناشتىن، تىكلەپ قويۇلغان تاشلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىشتىن، پال بېقىش ۋە پال باقتۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئۇ ئىشلاردىن ساقلانساڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. «تىكلەپ قويۇلغان تاشلار» ھەققىدە مۇشۇ سۈرە (مائىدە)نىڭ 3 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنْتَهُونَ
شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، شەيتان مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار بىلەن ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك سېلىشنى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئەمدىغۇ يانىدىغانسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
شەيتان سىلەرنى مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ۋە قىمار ئويناشقا كۈشكۈرتىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ ۋە قىمار ئويناپ ئۆزئارا ئاداۋەتلىشىشىڭلارنى ۋە بىر - بىرىڭلاردىن نەپرەتلىنىشىڭلارنى، ئاللاھنىڭ زىكرىنى ۋە نامازنى تەرك ئېتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەست قىلغۇچى نەرسە ئىستېمال قىلىش ۋە قىمار ئويناش ئەنە شۇنداق نىجىس ئىشلاردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇ ئىشلاردىن ئەمدىغۇ يانارسىلەر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 92-ئايەت) كاپىرلىق رەسۇلغا ئەگىشىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر ئاللاھقا ئىتائەتوَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَاحْذَرُوا ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار[27]. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە چۈشۈرگەن بۇيرۇقىدۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاللاھتىن تاپشۇرۇۋېلىپ سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇيرۇقىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەكسى تەقدىردە ئازابقا دۇچار بولىسىلەر، دىققەت قىلىڭلار! رەسۇلۇللاھ بۇ ئىلاھىي بۇيرۇقنى سىلەرگە يەتكۈزگەندىن كېيىن باھانەڭلار قالمايدۇ، ئۆزرە ئېيتالمايسىلەر. بىلىڭلاركى، رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسى يەتكۈزۈشتۇر، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار ئىتائەت قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 93-ئايەت) يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرى تەقۋادارلىق ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىمان ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا)لَيْسَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جُنَاحٌ فِيمَا طَعِمُوا إِذَا مَا اتَّقَوْا وَآمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ثُمَّ اتَّقَوْا وَآمَنُوا ثُمَّ اتَّقَوْا وَأَحْسَنُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر (ھارام قىلىنمىغان نەرسىلەرنى) يېسە، ئىچسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، قاچانكى ئۇلار (ھارام نەرسىلەردىن) ساقلانسا، ئىمانىدا ۋە ياخشى ئەمەللىرىدە ئىزچىل بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) يەنە ساقلانسا ۋە ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن داۋاملىق) ساقلانسا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئەگەر (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ساقلىنىپ ئىمانىدا چىڭ تۇرغان ھەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) داۋاملىق ساقلىنىپ ئىمانىدا چىڭ تۇرغان بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ئىزچىل تۈردە ساقلىنىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ (ئىلگىرى) يېگەن-ئىچكەنلىرىدە ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يەپ - ئىچكىنىدە ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ[28]. بۇ ئۇلار تەقۋادارلىق قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن يەنە تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ياخشىلىق قىلغان تەقدىردە مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سەمىمىي بولغان مۇئمىنلار، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ يامانلىقلاردىن ساقلىنىش ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇش شەرتى بىلەن، مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار قەتئىي شەكىلدە ھارام قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆتمۈشتە ئۇلارنى ئىستېمال قىلغانلىقى ۋە ئۇتقان پۇلغا يېمەكلىك ئېلىپ يېگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «بىرەر ئىش ياكى نەرسىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئايەت نازىل بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئىش ياكى ئۇ نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى قىلىنغان گۇناھلار ئەپۇ قىلىنىدۇ» دېگەن پىرىنسىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ، چەكلىمە كەلگەندىن كېيىن سەمىمىي بولغانلارغا ئاللاھنىڭ بىر ئىلتىپاتىدۇر. ھەج ۋە ئۆمرە ئۆزگىچە ئادا قىلىنىدىغان ئىككى ئىبادەتتۇر. مەسىلەن: ئۇ ئىبادەتلەر يەر يۈزىدە پەقەت بىر يەردىلا (مەككىدىلا) ئادا قىلىنىدۇ، ئادا قىلىنىدىغان يەرگە مۇئەييەن جايلاردىن كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ (ئېھرام باغلاپ)، بېرىش شەرت قىلىنىدۇ، باشلىغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشتۇرغىچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئادەتتە قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش چەكلىنىدۇ، ئادا قىلىنىدىغان يەردىمۇ (ھەرەم تەۋەلىكىدە) باشقا يەرلەردە قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن بەزى ئىشلارنى قىلىش چەكلىنىدۇ. ئەنە شۇ ئىككى ئىبادەتنىڭ بىرىنى باشلىغان، يەنى بەلگىلەنگەن جايدىن ئۇ ئىبادەتنى نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلىغان كىشى، ئېھرامدىكى جەريانىدا ۋە ئېھرامدىن چىقسىمۇ ھەرەم تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان چاغلىرىدا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋلىرىدىن ئوۋلىشى چەكلىنىدۇ. بۇ چەكلىمە بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 94 ~ 96 - ئايەتلەردە بۇ چەكلىمىنىڭ ھېكىمىتى بايان قىلىنىدۇ، چەكلىمە تەكرارلىنىدۇ، چەكلىمىگە بويسۇنمىغانلارغا بېرىلىدىغان جازا بىلدۈرۈلىدۇ، دېڭىز ئوۋىنى ئوۋلاش ۋە يېمەكلىكىنى يېيىش (سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ئۆزىچە ئۆلۈپ لەيلىگەنلىرىنى يېيىش)نىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋلىرىدىن ئوۋلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى قايتا تەكىتلىنىدۇ ۋە چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 94-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب غەيبكە ئىشىنىش ئىلاھىي سىناق ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا) مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَيَبْلُوَنَّكُمُ اللَّهُ بِشَيْءٍ مِنَ الصَّيْدِ تَنَالُهُ أَيْدِيكُمْ وَرِمَاحُكُمْ لِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَخَافُهُ بِالْغَيْبِ ۚ فَمَنِ اعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغانلارنى ئايرىش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەنلا ئوۋلىغىلى بولغۇدەك ئوۋ بىلەن چوقۇم سىنايدۇ. كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى قوللىرىڭلار ۋە نەيزىلىرىڭلار بىلەن ئوۋلىيالىغۇدەك ئوۋ بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ بۇنى، كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن قىلىدۇ. كىم بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشىدىكەن، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋلىرىنى ئوۋلاشنى ھارام قىلىشى ۋە بەزى ئوۋلارنى سىلەر ئاسانلا ئوۋلىيالايدىغان يەرلەرگە كەلتۈرۈشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بۇ چەكلىمىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋلىرىدىن ئۆلتۈرگەن ياكى باشقىلار ئوۋلىغان ئوۋنىڭ گۆشىدىن يېگەن كىشى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ ۚ وَمَنْ قَتَلَهُ مِنْكُمْ مُتَعَمِّدًا فَجَزَاءٌ مِثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِنْكُمْ هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّارَةٌ طَعَامُ مَسَاكِينَ أَوْ عَدْلُ ذَٰلِكَ صِيَامًا لِيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِ ۗ عَفَا اللَّهُ عَمَّا سَلَفَ ۚ وَمَنْ عَادَ فَيَنْتَقِمُ اللَّهُ مِنْهُ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا تەڭداش كەلگۈدەك چارۋىدىن بىرنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر، ياكى كەفارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر، ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. (ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن) بۇرۇنقى گۇناھنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى بۇ گۇناھنى قايتا ئۆتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، گۇناھكارلارنى) جازالىغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئوۋنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئۇ كىشى ئۆلتۈرگەن ئوۋغا تەڭ كېلىدىغان بىر ھايۋاندۇر - بۇنىڭغا سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ھايۋاننى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىش لازىم - ياكى مىسكىنلەرگە تائام بېرىش كەففارىتىدۇر ياكى ئۇنىڭ باراۋىرىگە روزا تۇتۇشتۇر. بۇ جازا ئۇ كىشىنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئىلگىرىكى گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلدى. كىمكى قايتا گۇناھ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا جازا بېرىلىدۇ. بۇ جازانىڭ ئۇسۇلى ۋە تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى ئۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئوۋغا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىدىن قايسىسىنىڭ تەڭ كېلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ ئادەم، ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا تەڭ كېلىدىغانلىقىغا ئۇلار ھۆكۈم قىلغان ھايۋاننى كەئبىنىڭ يېنىغا (مەككىگە) ئېلىپ بارىدۇ ياكى ئەۋەتىدۇ، ئۇ ھايۋان جايىغا يېتىپ بارغاندا قۇربانلىق قىلىنىپ مەككىدىكى پېقىر - مىسكىنلەرگە تارقىتىلىدۇ. 2) ئۆلتۈرگىنىگە تەڭ كېلىدىغان ھايۋاننىڭ پۇلىغا يېمەكلىك ئېلىپ مىسكىنلەرگە بىر كۈنلۈكتىن تارقىتىدۇ. 3) بىر مىسكىنگە تارقىتىدىغان يېمەكلىك ئۈچۈن بىر كۈن روزا تۇتىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئوۋغا ئىككى ئادىل كىشى بىر قوينىڭ تەڭ كېلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان بولسا ۋە بۇ بىر قوينىڭ پۇلىغا 20 مىسكىنگە بىر كۈنلۈكتىن يېمەكلىك ئالغىلى بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشى 20 كۈن روزا تۇتىدۇ. ئۇ ئادەم بۇ ئۈچ تۈرلۈك جازانىڭ قايسىسىنى چېكىشنى خالىسا شۇنى چەكسە بولىدۇ. بۇ جازا ئۇ ئادەمنىڭ ئىلاھىي چەكلىمىگە رىئايە قىلمىغانلىق گۇناھىنىڭ جازاسىنى تېتىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ، بۇ چەكلىمىنى قويۇشتىن ئىلگىرى ئوۋ ئوۋلاش گۇناھىنى قىلغانلارنى ئەپۇ قىلدى، لېكىن بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىم ئېھرامدا تۇرۇپ ياكى ھەرەم تەۋەلىكىدە ئوۋ ئوۋلايدىكەن، ئەنە شۇ جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعًا لَكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ ۖ وَحُرِّمَ عَلَيْكُمْ صَيْدُ الْبَرِّ مَا دُمْتُمْ حُرُمًا ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى، مادامىكى سىلەر ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى، سىلەر (قىيامەت كۈنى) دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ (ئېھرامدىكىلەرنىڭ) ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ۋە ئۇلارنى يېيىش ھالال قىلىندى. سىلەر ئېھرامدا بولغان ۋاقتىڭلاردا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى. بۇ سىلەرنى ۋە يولۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. سىلەر ئېھرامدىلا بولىدىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋى سىلەرگە ھارام قىلىندى. سىلەر ھۇزۇرىغا يىغىلىدىغان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە دېڭىز ئوۋىنى ئوۋلاش ۋە يېيىش، دېڭىزنىڭ يېمەكلىكى (ئۆزىچە ئۆلۈپ لەيلىگەن سۇ ھايۋانلىرىنى يېيىش) ھالال قىلىندى. ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا، ئېھرامدا بولمىساڭلارمۇ ھەرەم تەۋەلىكىدە بولغان چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى ئوۋلاش ھارام قىلىندى. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر ۋە سىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋىنى ئېھرامدىكى ئادەم ئوۋلىمىغان، ئوۋلىنىشىغا سەۋەبچى بولمىغان ۋە ھېچقانداق ياردەم قىلمىغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ كىشى بۇنداق ئوۋنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 97-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ھەج قۇربانلىق ھەرەم مەسجىدىجَعَلَ اللَّهُ الْكَعْبَةَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ قِيَامًا لِلنَّاسِ وَالشَّهْرَ الْحَرَامَ وَالْهَدْيَ وَالْقَلَائِدَ ۚ ذَٰلِكَ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ بەيتۇلھەرەم بولغان كەبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى، (قۇربانلىقنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە) بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىلغان تۆگىلەرنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تۇتقۇسى قىلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بەيتۇلھەرام بولغان كەئبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان ھەديەنى، (ھەديە ماللارغا ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنجۇقلارنى ئىنسانلارنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك) ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پايدىلىق قىلدى، بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلدى[29]. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەئبىنى، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە ئېلىپ مېڭىلغان قۇربانلىق ھايۋانلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مەزكۇر نەرسىلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن «تۇرۇش ۋاسىتىسى» قىلىشىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا مەككىنى يەر يۈزىنىڭ مەركىزى قىلغان. مەككىدىكى تۇنجى ئىبادەتگاھ بولغان كەئبىنى ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەت مەنبەسى ۋە ھىدايەت بۇلىقى قىلغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلاردىن قادىر بولالىغانلارغا، مەركىزىي يۇرت بولغان مەككىگە بېرىپ مەزكۇر ئىبادەتگاھتا ۋە بەلگىلەنگەن باشقا جايلاردا، مەلۇم كۈنلەردە خەلقئارالىق جامائەت ھالىتىدە ھەج ئىبادىتى ئادا قىلىشنى پەرز قىلغان. ھەجنىڭ ۋاقتىنى بىرقانچە ئاي قىلىپ بېكىتكەن، ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى، ھاجىلارغا، ھاجىلارنىڭ قۇربانلىقلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنچاقلىرىغا چېقىلىشنى ھارام قىلغان. ھاجىلارنىڭ ئۇ ئايلاردا تىجارەت قىلىشىغا ۋە مەنپەئەت ئېلىم - بېرىمى قىلىشىغا يول قويغان، ھەتتا ئۇلارنى بۇنىڭغا تەرغىب قىلغان. ھەج ئايلىرىنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى، ھەج ئىبادىتىنىڭ بىر مۇسۇلمانغا ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرز بولۇشى، ھەج بىرقانچە كۈندە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت بولسىمۇ ئۇ كۈنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايدا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى ئايدا ئۇرۇش ھارام قىلىنىشى ۋە ھەجنىڭ خەلقئارالىق جامائەت ھالىتىدە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت قىلىپ بەلگىلىنىشى قاتارلىقلار كۆرسىتىدۇكى: مەككىگە ھەر يىلى يەر يۈزىنىڭ پەرقلىق جايلىرىدىن پەرقلىق ئىنسانلار كېلىپ - كېتىدۇ. بۇ مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە يەرمەنكە ئېچىپ، مال ئېلىم - سېتىمى ۋە زاكالەت ئېلىم - بېرىمى قىلىشىغا، بىلىم ۋە پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىپ، بىر - بىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىغا، سىياسىي، ئەسكىرى ۋە مەدەنىي ساھەلەردە توختام تۈزۈشۈپ ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە ھاسىل قىلىشىغا شارائىت يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ مال ۋە خىزمەتلىرى، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىجاد قىلغان يېڭىلىقلىرى يەر يۈزىگە تارقىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ قوللىرىغا پۇل كىرىم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كەئبە، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار، ھەرەمگە ئېلىپ مېڭىلغان قۇربانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنچاقلىرىنى ئەنە شۇ شەكىلدە «ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى» قىلغان. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ مەزكۇر نەرسىلەرنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىپ بېرىشنى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلغان. ئاللاھ تائالا 98 ~ 100 - ئايەتلەردە ئىنسانلارنى، ئۆزىنىڭ تېگىشلىك بولغانلارنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقىنى، لايىق بولغانلارغا مەغپىرەت ۋە رەھمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەلچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ناپاك بىلەن پاكنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ئىنسانلارغا ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە مۇرادىغا يېتىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 98-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد تەڭپۇڭلۇقى ئاللاھتىن قورقۇشاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ وَأَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنى بەك قاتتىق جازالايدۇ، يامانلىقنى ھاماقەتلىكتىن قىلىپ سېلىپ ئاندىن تەۋبە قىلغان، شۇنداقلا سەمىمىي ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆزىنى تۈزەتكەن كىشىلەرگە مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 99-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمى پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەرمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ
پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋەزىپىسى تەبلىغدۇر (ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر). ئۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. ئەمدى سىلەر باھانە كۆرسىتەلمەيدىغان ۋە ئۆزرە ئېيتالمايدىغان بولدۇڭلار. ئالدىڭلاردا نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن بىرلا يول بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇ ئەلچىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ئەگىشىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇ ئەلچىگە ئىمان كەلتۈرسەڭلار ۋە ئەگەشسەڭلار ئاللاھنىڭ مەغپىرەت ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىسىلەر. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھ سىلەرنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭلار ۋە ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن قاتتىق ئازابلايدۇ. دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، كۆرۈپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لَا يَسْتَوِي الْخَبِيثُ وَالطَّيِّبُ وَلَوْ أَعْجَبَكَ كَثْرَةُ الْخَبِيثِ ۚ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى (ئى تىڭشىغۇچى) سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «گەرچە ناپاك نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى سېنى تاڭ قالدۇرسىمۇ، ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولالمايدۇ». ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولمايدۇ، ناپاكنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ شۇنداق. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇنداقتا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى، ناپاك (يالغان سۆز، يامان ئىش، ھارام مال ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى) بىلەن پاك (راست سۆز، ياخشى ئىش، ھالال مال ۋە ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى) ئوخشاش بولمايدۇ. ئى ئىنسان! ناپاكنىڭ كۆپلىكى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن، سېنى ھەيران قالدۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇ (ناپاك) پاك بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. مۇرادىڭلارغا يېتىشنى بۇ تەقدىردىلا ئۈمىد قىلساڭلار بولىدۇ. ئەسكەرتىش: مۇرادىغا يېتىش - ئەبەدىي ھايات، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك ۋە چەكسىز ئېھتىرامغا ئېرىشىش دېگەن بولىدۇ. بۇ سۈرىدىكى 100 - ئايەتتە ساغلام ئەقىل ئىگىرىلىرى ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن چەكلىنىدۇ. 101 - 102 - ئايەتلەردە بولسا، مۇئمىنلار، ئاشكارا قىلىنسا ئۆزلىرى ئۈچۈن يامان بولىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال سوراشتىن، جاۋاب بېرىلسە ۋەزىپىسى ئېغىرلىشىپ قالىدىغان سوئاللارنى سوراشتىن ۋە لازىم بولمايدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا كەلسە - كەلمەس سوئاللارنى سوراشتىن چەكلىنىدۇ ۋە بۇ چەكلەشنىڭ سەۋەبى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ سەۋەب شۇكى: قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياشاۋاتقان زاماندا ئۇنىڭدىن سورالغان سوئاللارنىڭ جاۋابى ھەققىدە ئاللاھ تائالا ئايەت نازىل قىلاتتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئايەتنى يەتكۈزەتتى، شۇنداقلا سوئالغا جاۋاب بەرگەن بولاتتى. بۇ سەۋەبتىن مۇئمىنلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنداق سوئاللارنى سورىسا، ئايەت نازىل بولاتتى - دە، ئۇلار بىرەر ئىشقا بۇيرۇلاتتى ياكى بىرەر ئىشتىن مەنئى قىلىناتتى ۋە ياكى بىرەر ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىرلىشاتتى، بىلىشى زىيانلىق بولغان ئىشلارغا ۋاقىپ بولۇپ ئىچى پۇشاتتى. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 101-ئايەت) قۇرئاننىڭ مەنبە قىلىنىشى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بىلىم ئېلىش مەجبۇرىيىتى غەپلەت قۇرئاننىڭ ھىدايىتىيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَسْأَلُوا عَنْ أَشْيَاءَ إِنْ تُبْدَ لَكُمْ تَسُؤْكُمْ وَإِنْ تَسْأَلُوا عَنْهَا حِينَ يُنَزَّلُ الْقُرْآنُ تُبْدَ لَكُمْ عَفَا اللَّهُ عَنْهَا ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىرىڭلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرگە يامانلىق يېتىپ قالىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىماڭلار. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنى قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان ئەسنادا سورىساڭلار، سىلەرگە ئاشكارا قىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇ نەرسىلەردىن ئۆتۈۋەتتى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا يامان بولىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال سورىماڭلار، زىغىرلىماڭلار، كوچىلىماڭلار. ئۇ نەرسىلەر ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ سىلەرگە ئاشكارا قىلىنغان مىقدارى بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. ناۋادا قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان زاماندا ئۇنداق نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال سورىساڭلار، ئۇ نەرسىلەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنىدۇ - دە، ئىچىڭلار پۇشۇپ قالىدۇ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىلەر. ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى سىلەرگە بىلدۈرمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇ توغرىدا ئەپۇ قىلىشىدۇر، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالاشقا ئالدىرىمايدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَدْ سَأَلَهَا قَوْمٌ مِنْ قَبْلِكُمْ ثُمَّ أَصْبَحُوا بِهَا كَافِرِينَ
سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىدىن (يەنى سورىغان ئىشلىرى بايان قىلىنىپ ئۇلار ئەمەل قىلمىغانلىقتىن) كاپىر بولۇپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ
سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، جاۋاب بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن ئىلگىرى بىر قەۋم ئۇ نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، لېكىن كېيىن ئۇ قەۋم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كافىر بولۇپ كەتتى[30]. — ئەنەس ئالىم
بىلىڭلاركى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن بىر قەۋم ئەنە شۇنداق نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال سورىغان، جاۋاب بېرىلسە ئىشەنمىگەن، شۇنداقلا كافىر بولۇپ كەتكەن. مەسىلەن: ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەۋارىيلىرى ئاللاھنىڭ ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، داستىخان چۈشكەندىن كېيىن كۇفرىلىق قىلغانلار جازالاندۇرۇلغان. شۇنىڭدەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى كالا بوغۇزلاشقا ئەمر قىلىنسا، بىرەر كالا بوغۇزلاپ ئەمرنى ئادا قىلىشنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە تولا سوئال سورىغان، سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەنسېرى ئۇلارنىڭ ئىشى قىيىنلاشقان، ۋەزىپىسى ئېغىرلاشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمرنى ئادا قىلالمىغىلى تاس قالغان. ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا «بىزگە ئاللاھنى ئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن تەلەپنى قويغان، شۇنداقلا جازالاندۇرۇلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا جَعَلَ اللَّهُ مِنْ بَحِيرَةٍ وَلَا سَائِبَةٍ وَلَا وَصِيلَةٍ وَلَا حَامٍ ۙ وَلَٰكِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۖ وَأَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
بەھىرە ، سائىبە ، ۋەسىلە ، ھام لارغا ئاللاھ (يۇقىرىقىدەك قىلىشنى) بۇيرۇغىنى يوق، (لېكىن كاپىرلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنىڭ يالغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ(ئىزاھات: بەھىرە: سەككىزنى تۇغقان، بەشىنچىسىنى ئەركەك تۇغقان تۆگە بولۇپ، جاھىلىيەت ئەرەبلىرى بۇ تۆگىنىڭ قۇلىقىنى يېرىپ قويۇپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى، مىنمەيتتى، يۈك ئارتمايتتى. سائىبە: چىشىدىن ئوننى تۇغقان تۆگە بولۇپ، مىنىلمەيتتى، قىرقىلمايتتى، سۈتى مۇساپىرلارغىلا بېرىلەتتى. ۋەسىلە: بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسىنى چىشى تۇغقان، بۇتلار ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن تۆگە. ھام: ئون تۆگىگە ئاتا بولغان بۇغرا تۆگە بولۇپ، ئۇلار ئۇنى مىنمەي، يېمەك ـ ئىچمەكتە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى.) — مۇھەممەد سالىھ
بەھىيرە، سائىبە، ۋەسىيلە، ھام*[1] ناملىق تۆگىلەرنى (بۇتلارا ئاتاشنى) ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىدى. لېكىن، كافىرلار ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى (بۇنىڭ يالغانلىقىن) چۈشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بەھىرە، سائىبە، ۋەسىلە ۋە ھامدىن ھېچبىرىنى بەلگىلىمىدى. لېكىن كافىرلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ[31]. — ئەنەس ئالىم
جاھىلىيەت ئەرەبلىرى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن بەزىلىرىنى ۋە بەزى ئېكىنلىرىنى نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ: «شۇ ھايۋانلار، شۇ ئېكىنلەر شۇ كىشىلەرگە ھارام، ئۇ كىشىلەرگە ھالال. شۇ ھايۋانلار ئەرلىرىمىزگە ھالال، ئاياللىرىمىزغا ھارام» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلاتتى، ئاندىن ھېچ ھايا قىلماستىن: «بۇنىڭغا ئاللاھ ئەمر قىلدى» دەيتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ قەبىھ سۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ. جۈملىدىن ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن بەزىلىرىنى بەزى باھانىلەر بىلەن «بەھىيرە، سائىبە، ۋەسىيلە، ھام» دېگەن ئىسىملار بىلەن ئاتاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشنى، ئۇلارغا مىنىش ۋە يۈك ئارتىش، ئۇلارنىڭ يۇڭ - تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۆزلىرىگە ھارام ھېسابلايتتى ياكى ئۇ ھايۋانلارنىڭ بۇتلىرىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرى خالىغان كىشىلەرلا يېيەلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئاللاھنىڭ ئەمر قىلغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ (103) ئايەتتە، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ھايۋانلارنى ئۇنداق قىلىشنى يولغا قويمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىگە (ئاللاھقا) تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىنى ۋە تولىسىنىڭ ئەقلىنى ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇپەسسىرلەرنىڭ ئارىسىدا مەزكۇر ھايۋانلارنىڭ ئۇ ئىسىملار بىلەن ئاتىلىش سەۋەبىنىڭ شەكلى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى يوق، لېكىن ئۇلار سەۋەبلەر ۋە قويۇلىدىغان بەلگىلەر توغرىسىدا ئاساسەن بىرلىشىدۇ. ئۇ سەۋەب ۋە بەلگىلەرنى بىر كەلىمە بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمىدە ئۇ كەلىمىلەر ئۆز پېتى قويۇلدى. ئۇ كەلىمىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىنگەن مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە «بەھىيرە» - بىرقانچىنى تۇغقاندىن كېيىن، قۇلىقىنى تىلىپ ئەن سېلىنغان، شۇنداقلا ئۆلتۈرۈپ يېيىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھارام دەپ قارالغان ھىڭگاندۇر. «سائىبە» - مۇئەييەن مىقداردا تۇغقاندىن كېيىن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھىڭگان، ياكى بىرەر ئارزۇسىغا ئېرىشكەن كىشى ۋە ياكى بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلماقچى بولغان كىشى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن بۇغرادۇر. بۇ تۆگە ھىڭگان بولسۇن بۇغرا بولسۇن مىنىلمەيتتى، سۈتى سېغىلمايتتى، يۇڭى قىرقىلمايتتى. «ۋەسىيلە» - ئارقا - ئارقىدىن بىرقانچە دانە چىشى تۇغقاندىن كېيىن بۇتلارغا ئاتىۋېتىلگەن ۋە يېيىش ھارام دەپ قارالغان ھىڭگان ياكى ساغلىقتۇر. «ھام» - بىرقانچە بوتىلاقنىڭ ئاتىسى بولغاندىن كېيىن ياكى بالىسىنىڭ بالىسى مىنىلىدىغان بولغاندىن كېيىن ھارام ھېسابلىنىپ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن بۇغرا دېگەن بولىدۇ. بۇ تۆگىگە مىنىلمەيتتى، يۇڭى قىرقىلمايتتى، يايلاققا قويۇۋېتىلەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 104-ئايەت) قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھەقنى ئىنكار قىلىش ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئازغۇنلۇق نادانلىقوَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ قَالُوا حَسْبُنَا مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۚ أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ
ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھىچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كېلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلار، ئاتا - بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ بەزى ھايۋانلارنى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ھارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ، ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بەزى ھايۋانلارنى نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ ھارام دەپ قارىغان ۋە «ئۇلارنى ھارام دەپ قاراشقا بىزنى ئاللاھ ئەمر قىلدى» دەپ ئاللاھقا تۆھمەت قىلغان مۇشرىكلارغا، «ئاللاھ نازىل قىلغان ۋە رەسۇلۇللاھ يەتكۈزگەن ھۆكۈمگە كېلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىزگە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى يېتەرلىك» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ھەقتىن ھېچ نەرسە بىلمەيتتى، ھىدايەت ئۈستىدىمۇ ئەمەس ئىدى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنىلا ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 105-ئايەت) ھىساب ئۆز مەسئۇلىيەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئاللاھقا ئىتائەت ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا)يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَيْكُمْ أَنْفُسَكُمْ ۖ لَا يَضُرُّكُمْ مَنْ ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى (گۇناھتىن) ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا ماڭساڭلار، توغرا يولدىن ئاداشقانلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار. سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەر سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ خاتا يولىغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلەرنىڭ، ھەقكە دەۋەت قىلىنغان چاغلىرىدا: «بىزگە ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى يېتەرلىك» دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان ۋە يۇقىرىدىكى سەلبىي پوزىتسىيەگە دۇچ كەلگەن مۇئمىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئىش بولسا، ئۆزى ھەق ئۈستىدە چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئايەت ھەرگىزمۇ دەۋەتنى تەرك ئېتىشكە دەلىل بولمايدۇ، چۈنكى ھەقكە دەۋەت قىلىش ھەر مۇئمىننىڭ ۋەزىپسىدۇر ۋە توغرا يولدا بولۇشنىڭ بىر شەرتىدۇر. مۇئمىن ھەر دائىم ھەقنى بىلىش، ھەقكە ئەمەل قىلىش ۋە ھەقكە دەۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن توغرا يول ئۈستىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. شۇڭلاشقا مۇئمىن، بىرەر كىشىنى ياكى بىرەر جامائەتنى ھەقكە دەۋەت قىلغان چېغىدا، قارشى تەرەپ دەۋەتنى قوبۇل قىلمىسا ياكى ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقكە ئېھتىياجى يوقلىقىنى ئىپادىلىسە، بۇ تەقدىردە دەۋەتچى مۇئمىن ھەقتە چىڭ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە باشقىلارغا ھەقنى يەتكۈزۈش بىلەن دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. ئۇلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ھەر كىم ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرمەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلار ھەقكە ئەمەل قىلىش ۋە باشقىلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىش بىلەن توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرساڭلار، دەۋىتىڭلارنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ سىلەرگە بىرەر زىيىنى بولمايدۇ، چۈنكى زىيان تارتماسلىقنىڭ يولى ئىمان ئېيتىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ھەقكە بۇيرۇش ۋە سەۋرگە بۇيرۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتۇر. سىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىپ ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرساڭلارلا، يولدىن ئاداشقانلارنىڭ سىلەرگە بىرەر زىيىنى بولمايدۇ، لېكىن سىلەرمۇ ئۇلارغا قاراپ بەلنى قويۇۋەتسەڭلار، مۇئمىنلىق ۋەزىپەڭلارنى ئادا قىلمىساڭلار، شۇنداقلا ئۇلارغا ئوخشاش بولساڭلار زىيان تارتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا شَهَادَةُ بَيْنِكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ حِينَ الْوَصِيَّةِ اثْنَانِ ذَوَا عَدْلٍ مِنْكُمْ أَوْ آخَرَانِ مِنْ غَيْرِكُمْ إِنْ أَنْتُمْ ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَأَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةُ الْمَوْتِ ۚ تَحْبِسُونَهُمَا مِنْ بَعْدِ الصَّلَاةِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ إِنِ ارْتَبْتُمْ لَا نَشْتَرِي بِهِ ثَمَنًا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۙ وَلَا نَكْتُمُ شَهَادَةَ اللَّهِ إِنَّا إِذًا لَمِنَ الْآثِمِينَ
ئى مۆمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىركىم ۋاپات بولۇش ئالدىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ياكى (ئۆز دىنىڭلاردىكىلەردىن گۇۋاھ بولىدىغان ئىككى كىشى تېپىلمىسا) غەيرىي دىندىكىلەردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن. ئەگەر سىلەر سەپەردە بولۇپ، بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلگەندە، سىلەر (بۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ راستچىللىقىدىن) گۇمانلانساڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: «بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشىلەرمىز، بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز، خۇدالىق ئۈچۈن بولغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق، بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىركىم ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن ياكى سىلەر سەپەردە بولۇپ، بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلگەندە، (ئۆز دىنىڭلاردىكىلەردىن گۇۋاھ بولىدىغان ئىككى كىشى تېپىلمىسا) باشقا دىندىكىلەردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن، سىلەر (ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچىنىڭ راستچىللىقىدىن) گۇمانلانساڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: «(بىز گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر) بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز، خۇدالىق ئۈچۈن بولغان بېرىلىدىغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق، بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، سىلەردىن ئادالەتلىك ئىككى كىشى ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولسۇن. ياكى سىلەر سەپەردە بولۇپ بېشىڭلارغا ئۆلۈم مۇسىبىتى كەلسە، سىلەردىن بولمىغان باشقا ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر گۇمانلانساڭلار ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنى نامازدىن كېيىن توختىتىسىلەر، ئاندىن ئۇلار مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشى تۇغقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ بىز قەسىمىمىزنى ھېچبىر بەدەلگە ساتمايمىز، ئاللاھ ئۈچۈن بېرىلگەن گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلساق بىز چوقۇم گۇناھكارلاردىن بولىمىز». — ئەنەس ئالىم
(106-108) ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ھۆججەتسىز ۋە گۇۋاھچىسىز قەرز ئالغان مۇئمىننى، قەرزىنى تۆلەشتىن ئىلگىرى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسا ئادىل ئىككى مۇسۇلماننى، سەپەر ئۈستىدە چېغىدا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسا (زۆرۈرىيەتتىن) مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ، ئۇ قەرزنى تۆلەشنى ۋارىسلىرىغا تاپىلاپ قويۇشىنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزئارا قەرز مۇئامىلە ۋە ئۆتنە - يېرىم ئىشلىرىغا رۇخسەت بېرىش بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىشنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يوللار تۆۋەندىكىچە: 1) قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقاندا مۇناسىۋەتلىك ھەر ئىش ئەتراپلىق شەكىلدە يېزىلىدۇ ۋە ئىككى گۇۋاھچى گۇۋاھ قىلىنىدۇ. 2) قەرز مۇئامىلىسى قىلىشماقچى بولغانلار سەپەر ئۈستىدە بولۇپ يېزىپ بېرىدىغان ئادەم تاپالمىسا، قەرز ئالماقچى بولغان تەرەپ قەرز بەرمەكچى بولغان تەرەپكە قىممەتلىك بىرەر نەرسىسىنى گۆرۈگە قويۇپ، ئاندىن ئىككى تەرەپ بۇ مۇئامىلىنى قىلىدۇ. 3) ئەگەر قەرز بەرگۈچى قەرز سورىغۇچىغا ئىشەنسە، يېزىش، گۇۋاھچى ھازىر قىلىش ۋە بىرەر نەرسە گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلماستىن قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقا بولىدۇ. نەتىجىدە مېيىتنىڭ ئىككى تۈرلۈك قەرزى بولۇش ئېھتىمالى بولىدۇ: بىرى ھۆججەت بىلەن ئىسپاتلانغان قەرزى، يەنە بىرى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئىككى كىشىنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان قەرزى. ۋارىسلار مىراس تەقسىماتىدىن ئىلگىرى مانا بۇ ئىككى تۈرلۈك قەرزنى تۆلىۋېتىشكە بۇيرۇلىدۇ. مېيىتنىڭ قەرز بەرگۈچىگە بىرەر نەرسىسىنى گۆرۈگە قويۇپ ئالغان قەرزىگە كەلسەك، بۇ ئىشتا مېيىتنىڭ زىممىسىدە قەرز ئەمەس، ئەكسىچە باشقىسىدا ئېلىشى بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئادەتتە گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنىڭ قىممىتى ئېلىنغان قەرزدىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر بىرەر كىشى بۇ شەكىلدە قەرز ئېلىپ، ھايات ۋاقتىدا قەرزىنى تۆلەپ گۆرۈگە قويغان نەرسىسىنى تاپشۇرۇپ ئالماستىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، قەرەل توشمىغان تەقدىردە ۋارىسلار مىراس مالدىن مەزكۇر قەرزنى تۆلەپ گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنى، قەرەل توشقان ۋە قەرز بەرگۈچى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە (مەھكىمىنىڭ قارارى ياكى ئەسلىي مۇئامىلىنى قىلىشقان ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە) گۆرۈگە قويۇلغان نەرسىنىڭ ئارتۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، شۇنداقلا مىراس قاتارىدا ئۈلۈشىدۇ. ئەسكەرتىش: «ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرەر گۇناھ قىلغانلىقى بايقالسا» - ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتنى ئۆزگەرتىش ياكى يالغان قەسەم قىلىش ۋە ياكى مىراسقا خىيانەت قىلىش ئارقىلىق گۇناھ قىلغانلىقى بايقالسا. دېمەكتۇر. «ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىدىن كېيىن باشقا قەسەملەرنىڭ قىلىنىشىدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر» - ئۆزلىرى يالغان قەسەم قىلغان ۋە بۇ قەسەمنىڭ يالغانلىقى باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغان تەقدىردە باشقا گۇۋاھچىلار قەسەم قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ قەسەم قىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ قەسىمى بىكار بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار رەسۋا بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۇلارنىڭ مانا بۇ رەسۋاچىلىقتىن قورقۇپ گۇۋاھچىلىقنى توغرا ئادا قىلىشىغا ۋە راست قەسەم قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ عُثِرَ عَلَىٰ أَنَّهُمَا اسْتَحَقَّا إِثْمًا فَآخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ الَّذِينَ اسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْأَوْلَيَانِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ لَشَهَادَتُنَا أَحَقُّ مِنْ شَهَادَتِهِمَا وَمَا اعْتَدَيْنَا إِنَّا إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچى بولۇپ قالىمىز » دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرەر گۇناھ قىلغانلىقى بايقالسا[32]، زىيانغا ئۇچرىتىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئەڭ لايىق بولغان باشقا ئىككى كىشى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: «ئەلۋەتتە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن توغرىدۇر، بىز ھەددىمىزدىن ئاشمىدۇق. ئەگەر ئۇنداق قىلساق بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز». — ئەنەس ئالىم
-
ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ يَأْتُوا بِالشَّهَادَةِ عَلَىٰ وَجْهِهَا أَوْ يَخَافُوا أَنْ تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاسْمَعُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنىڭ رەت قىلىنىشىدىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئۇسۇل گۇۋاھچىلارنى ئەڭ توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنىڭ كېيىنكى ئىككى گۇۋاھچىنىڭ قەسىمى بىلەن رەت قىلىنىشىدىن قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقنى ئۆز يولى بىلەن ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياكى ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىدىن كېيىن باشقا قەسەملەرنىڭ قىلىنىشىدىن قورقۇشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدۇر[33]. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قۇلاق سېلىڭلار. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
(5-سۈرە مائىد، 109-ئايەت) ھىساب قىيامەت ۋاقتى غەيبكە ئىشىنىش ئاللاھنىڭ ئىلمى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىيَوْمَ يَجْمَعُ اللَّهُ الرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَا أُجِبْتُمْ ۖ قَالُوا لَا عِلْمَ لَنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «(قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «سىلەر (قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغاندا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولغان ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سەن بىلدۈرگەندىن باشقا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىسەن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىر كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى يىغىدۇ ۋە: «سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنىڭ ھېچ ئىلمىمىز يوق، شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە ئۆزى تەرىپىدىن ئەلچى ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى ۋە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى قىيامەت كۈنى سوئال - سوراق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىدىن قىيامەت كۈنى سورايدىغان سوئالىنى ۋە ئۇلارنىڭ بېرىدىغان جاۋابىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى يىغىدۇ ۋە ئۇلاردىن: «سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار كامالى ئېھتىرام بىلەن: «بىز ھەرگىزمۇ بىلمەيمىز، غەيىبلەرنى پەقەت سەن بىلىسەن، يارەب!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 110-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى ئەيسا مەريەمإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدْتُكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنْفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنْكَ إِذْ جِئْتَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن؛ ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ. ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم. ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى. مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ. ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ. ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن: شۇ چاغدا سېنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىغان ئىدىم، بۆشۈكتىكى چېغىڭدا ۋە ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرچە) سۆزلەيتتىڭ؛ شۇ چاغدا ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بىلدۈرگەن ئىدىم. شۇ چاغدا مېنىڭ ئىرادەم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ، ئۇنى پۈۋلىسەڭ، ئۇ مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى؛ سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ؛ شۇ چاغدا سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ؛ شۇ چاغدا مەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى ساڭا چېقىلىشتىن توسقان ئىدىم. سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېغىڭدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىرلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى. تۇغما كور ئادەمنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ساقايتاتتىڭ. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىراتتىڭ. ئىسرائىل ئەۋلادىنى سەندىن توسقان ئىدىم، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭ، ئۇلاردىن كافىر بولغانلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنى ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئالاھىدە نىدا قىلىپ ئۇنى، ئۆزى ئۇنىڭغا ۋە ئانىسىغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ياد ئېتىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇ نېمەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان ئۇ نېمەتلەر تۆۋەندىكىچە: ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلىنغان ئۈچ ئائىلىنىڭ بىرى بولغان «ئىمران ئائىلىسى»نىڭ نەۋرىسى بولۇپ دۇنياغا كېلىشى، ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتىسىز يارىتىلىپ مۆجىزە بالا سۈپىتىدە دۇنياغا كېلىشى، دۇنيا - ئاخىرەتتە ئېتىبارلىق بولۇشى، ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىن بولۇشى ۋە ئىسمىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قويۇلۇشى، پەيغەمبەر قىلىنىشى، بىرقانچە مۆجىزە بېرىلىشى ۋە پەرىشتە جىبرىئىل بىلەن قوللاپ - قۇۋۋەتلىنىشى، ئاللاھ تەرىپىدىن خەت يېزىش، ھېكمەت، تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئۆگىتىلىشى، بەنى ئسرائىلنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدىلىشى. ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەمگە ئاتا قىلغان نېمەتلەر بولسا، تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: «ئىمران ئائىلىسى»نىڭ قىزى بولۇشى، كىچىكىدىن باشلاپ شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشى، بىر پەيغەمبەر (زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام) تەرىپىدىن ئىبادەتخانىدا ھىمايە قىلىنىشى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن رىزىق بېرىلىشى، پەرىشتىلەردىن بېشارەت ۋە تەلىماتلار تاپشۇرۇۋېلىشى، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن تاللىنىپ ئالەملەرنىڭ ئاياللىرىدىن ئۈستۈن قىلىنىشى، ئىپپىتىنى ساقلاش، چىن ئىخلاس ۋە سەمىمىي ئىتائەت قاتارلىقلاردا باشقا ئاياللارغا ئۈلگە قىلىپ كۆرستىلىشى، ئاللاھنىڭ ئاخىرقى كىتابى قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بىرقانچە قېتىم (31 قېتىم) زىكىر قىلىنىشى ۋە قۇرئان كەرىمدە بىر سۈرە (19 - سۈرە)نىڭ «مەريەم سۈرىسى» دەپ مەريەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىشى. «ئاپئاق» دېگەن مەنىدىكى «ھەۋر - حور» كەلىمىسىدىن نىسبىي سۈپەت (ئىسمى مەنسۇب) بولغان «ھەۋارىي» - ئاقارتقۇچى، كىيىم يۇغۇچى ۋە ئۈشتىگەر دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئىستىلاھىي مەنىسى بولسا، «تاللانغان، نۇقسانسىز، تەرەپدار، ۋاپادار دوست، ئاغىنە، ناھايىتى ياردەم سۈيەر، بىرەر ئىشقا ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن كىشى» دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ سۆز (ھەۋارىي) قۇرئان كەرىمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سادىق دوستلىرى ۋە ھەقكە يېتەكلەش خىزمىتىدىكى ياردەمچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مۇپەسسىرلەر ئۇلارنىڭ «ھەۋارىي» دەپ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ ئاق كىيىملىك بولۇشى ياكى كىيىم يۇيۇش ۋە ئۈشتىچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلدىن كۇفرىلىق، تەرسالىق ۋە زىيانكەشلىك ھېس قىلىپ: «كىم ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېگەندە، «بىز ئاللاھ يولىدا سېنىڭ ياردەمچىلىرىڭ بولىمىز، دەۋىتىڭنى قوللايمىز، يولۇڭدا سەن بىلەن ئاداققىچە بىللە ماڭىمىز» دەپ ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىگەن مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلار ئەنە شۇ «ھەۋارىيلار»دۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلار بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ سۆھبەتنى ئىككى يەردە زىكىر قىلىپ ئۇلارنى مەدھىيەلەيدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىنى، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. 111 ~ 115 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ «ئىمان كەلتۈرۈڭلار!» دېگەن ئىلاھىي دەۋەتنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنىڭ ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرىشى توغرۇلۇق دۇئا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغانلىقى، بۇ ئىلتىماسنىڭ سەۋەبلىرى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇئاغا بەرگەن جاۋابى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
شۇ چاغدا مەن ھاۋارىيلارغا(سەن ئارقىلىق) : «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم. ئۇلار: «ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مەن ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلارغا، «ماڭا ۋە ئەلچىمگە (ئىيساغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم، ئۇلار: «ئىمان كەلتۈردۇق، ئى ئاللاھ! بىزنىڭ بۇيرۇقىڭغا بۇيسۇنغۇچىلار ئىكەنلىكىمىزگە گۋاھچى بولغىن» دېگەن ئىدى. بۇ يەردىكى «ۋھىي قىلىش» ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بىۋاسىتە ۋەھىي نازىل قىلغانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ياكى مەزكۇر بۇيرۇقنى ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىقىنى ۋە ياكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بۇيرۇق قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگىمۇ سالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابى بولسا، بۇيرۇققا ئەستايىدىل بويسۇنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 112-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىمان پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى ئەيسا ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا) ھېيت-بايرامإِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَنْ يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئاسماندىن تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا: «ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار ئىيساغا، «ئى ئىيسا! رەببىڭگە دۇئا قىلساڭ بىزگە بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى ئەسلىدە تەلەپ ۋە ئىلتىماس ئۈچۈن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆز ئىپادىلىنىشتە ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىدە شۈبھىلەنگەنلىك پۇرىقى بېرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بۇنداق سۆزنى قىلماڭلار!» دېگەن مەنىدە نەسىھەت قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا نُرِيدُ أَنْ نَأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَنْ قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ الشَّاهِدِينَ
ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا (يەنى داستىخانغا) گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، (بۇ ئارقىلىق) كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە شۇ داستىخاننىڭ چۈشكەنلىكىگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سېنىڭ بىزگە راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلىشنى ۋە شاھىتلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەقسىتىمىز ئۇ داستىخاندىكى تائامدىن يەپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ئىمانىمىزنى كۈچەيتىش، سېنىڭ بىزگە راست ئېيتقانلىقىڭنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ بىلىش ۋە بۇ مۆجىزىنى كۆرمىگەنلەرنىڭ يېنىدا بۇنى كۆرگەنلىكىمىزنى ئېيتىپ سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۋاھلىق بېرىشتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ ۖ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە تائام بار بىر داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ كۈن بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەن بىزگە ئاتا قىلغان بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىنكى، بىز ئۈچۈن، ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن[34]. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن». — ئەنەس ئالىم
(114-115) ھەۋارىيلارنىڭ ئالدىنقى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان تەلىپى بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىغا جاۋابەن، ئۇلارغا تەلەپ قىلغان داستىخاننى چۈشۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن داستىخان چۈشكەندىن كېيىن كۇفرىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاندىن داستىخاننى چۈشۈرگەن ۋە كۇفرىلىق قىلغانلارنى توڭگۇزلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. «ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن» - ئۇ داستىخان چۈشكەن كۈن بىزلەر ئۈچۈن ۋە بىزدىن كېيىنكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بايرام كۈنى بولسۇن. ئۇ داستىخان سېنىڭ بىزگە بەرگەن مۆجىزەڭ بولسۇن، دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ 109 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنى بارلىق ئەلچىلىرىدىن سوئال سورايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ لايىقىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 116 ~ 119 - ئايەتلەردە بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئالاھىدە بىر سوئال سورايدىغانلىقى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ لايىقىدا جاۋاب بېرىدىغانلىقى، ئۇ سوئال - جاۋابنىڭ نېمىلىكى ۋە قىيامەت كۈنى نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلارنىڭ كىملىكى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 115-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ئىرادە كاپىرلىق پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى ھېيت-بايرامقَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ ۖ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلسا، ئۇنى ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان ئازاب بىلەن ئازابلايمەن» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ: «مەن ئۇ داستىخاننى سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇنى شۇنداق ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئالەملەردىن ھېچكىمنى ئۇ ئازاب بىلەن ئازابلىمايمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنْتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّيَ إِلَٰهَيْنِ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ ۚ إِنْ كُنْتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ ۚ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلَا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن. ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن — مۇھەممەد سالىھ
شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېگەنمىدىڭ؟» ئىيسا ئېيتىدۇ: «(ئى رەببىم!) سېنىڭ شەنىڭگە لايىق ئەمەس سۈپەتلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، مەن ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلەتتىىڭ. سەن مېنىڭ دىلىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىلمىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ چاغدا ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار» دېدىڭمۇ؟ ئىيسا ئېيتىدۇ: «ياق! مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن. مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا - ئۆزى ئوبدان بىلگەن تۇرۇقلۇق - خىرىسستىئانلارنىڭ مۇشرىكلىقىنى ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ مۇشرىكلىقىدا ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېگەن كىشى سەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 117-ئايەت) تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەيسا ئاللاھقا ئىتائەتمَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۚ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ ۖ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنْتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: <مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار> دېگەن سۆزنىلا ئېيتقان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى ئېلىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ. سەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «ياق! مەن ئەمەس، مەن سېنى پاك دەپ بىلىمەن، مېنىڭ مەن ئۈچۈن توغرا بولمىغان سۆزنى ئېيتىشقا ھەددىم ئەمەس. ئى ئاللاھ! ئەگەر ئۇ سۆزنى مەن ئېيتقان بولسام، سەن ئۇنى چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ ئىچىڭدىكىنى بىلمەيمەن. شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىسەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. ئى ئاللاھ ! مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 118-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى تۆۋە-ئىستىغپارإِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ ۖ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن). ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن». — ئەنەس ئالىم
ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ اللَّهُ هَٰذَا يَوْمُ يَنْفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ ۚ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ سەمىمىيىتى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ، راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر، ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار، ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر». بۇ يەردىكى «راستچىللار» - دۇنيادا ئەقىدىسى توغرا، نىيىتى خالىس، سۆزى راست ۋە ئەمىلى ياخشى بولۇپ ياشىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئايەتتە مۇئمىنلارنى تەقۋادارلىققا ۋە راستچىللار بىلەن بولۇشقا بۇيرۇشى، يەنە بىر ئايەتتە تەقۋادارلارنىڭ قىيامەت كۈنى «راستچىللىق ماقامىدا» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(5-سۈرە مائىد، 120-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەۋھىد ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا فِيهِنَّ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (116 ~ 119 -) ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن سورايدىغان بىر سوئالىنى ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، خىرىسستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئانىسى (ھەزرىتى مەريەم) توغرىسىدىكى ئېتىقادىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن بۇ (120 -) ئايەتتە ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ، ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇ بايانىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى خىرىستىيانلار! ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئاللاھ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان، ئۇلارنى ئاللاھ ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇۋاتىدۇ، ئۆزى يالغۇز باشقۇرۇۋاتىدۇ، ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ئەمرىدىن چىقالمايدۇ. جۈملىدىن ئىيسا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەممۇ شۇنداق. ئاللاھنىڭ يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە مەخلۇقاتى تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولۇشتا شېرىكى يوق. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ بار بولۇشتا ئوخشىشى، قۇدرەتتە تەڭدىشى، ھاكىمىيەتتە ياردەمچىسى يوقتۇر. ئۇنداقتا، ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ بىرى بولغان ئىيسا قانداقمۇ «ئىلاھ» بولسۇن؟! ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم قانداقمۇ «ئىلاھ ئانىسى» بولسۇن؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى