نەجم سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 62 ئايەتمەنىسى: يۇلتۇز. ئاتىلىش سەۋەبى: يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالنَّجْمِ إِذَا هَوَىٰ
ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ
ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى
سارقىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم
(1-12) ئى مۇشرىكلار! سارقىغان (ئورنىدىن يۆتكىلىپ پېتىپ كېتىشكە مايىل بولغان) يۇلتۇز بىلەن قەسەمكى، قېرىندىشىڭلار مۇھەممەد ئېزىپمۇ كەتمىدى، خاتا يولغا كىرىپمۇ قالمىدى. ئۇ سىلەرنىڭ: «ئېزىپ كەتتى» دېيىشىڭلارغا سەۋەبچى بولغان سۆزلىرىنى نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ سىلەرگە يەتكۈزگىنى ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ۋەھىيدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇ ۋەھىينى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك، ئەقىللىق ۋە چىرايلىق پەرىشتە جىبرىئىل ئۆگەتتى: جىبرىئىل ئەڭ يۇقىرى ئۇپۇقتا ئەسلىي سۈرىتى بىلەن تۇرۇپ توغرىلاندى، ئاندىن ئاستا - ئاستا پەسلەپ، مۇھەممەدكە ئىككى ياي مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەك يېقىنلاشتى، ئاندىن ئاللاھنىڭ بەندىسى مۇھەممەدگە، ئاللاھ ئۆزىگە ۋەھىي قىلغان ئايەتلەرنى ۋەھىي قىلدى. ئۇ بەندىنىڭ دىلى، كۆزى كۆرگەن سۈرەتنىڭ جىبرىئىلنىڭ سۈرىتى ئىكەنلىكىگە جەزمەن ئىشەندى. ئى مۇشرىكلار! سىلەر مۇھەممەدنى يالغانچى دەمسىلەر ۋە ئۇ كۆرگەن جىبرىئىل توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ دەرۋەقە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى قەۋمىنىڭ ئىچىدە «ۋاپالىق، ئىشەنچلىك، راستچىل، مېھماندوست، ھەققانىيەتچى، تۇغقانلىرىغا كۆيۈمچان، نامراتلارنىڭ غەمگۈزارى» دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تونۇلاتتى. قەۋمىنىڭ ئىچىدە بولۇۋاتقان يامان ئادەتلەردىن يىراق، پاك - پاكىز بىر ھاياتى بار ئىدى. مەسىلەن: بۇتقا چوقۇنمايتتى، بۇتقا ئاتاپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېمەيتتى، ھاراق، قىمار ۋە باشقا قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن نېرى تۇراتتى. ئۇ مۇشۇنداق ياشاپ قىرىق يېشىغا يېقىنلاشقاندا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھاياتىغا ئىشارەت قىلىدىغان چۈشلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن رامىزان ئېيىدا بىرقانچە كۈننى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ۋە نېمەتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش، قەۋمىنىڭ نىجاتلىق يولىنى ئويلاش قاتارلىقلار بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مەككىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، كەئبىگە تەقرىبەن بەش كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان «نۇر تېغى»دىكى «ھىرا غارى»غا چىققان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ غاردا تۇرۇۋاتقان كېچىلەرنىڭ بىرىدە ۋەھىي پەرىشتىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئەسلىي سۈرىتى بىلەن يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئاسمان بىلەن يەر يۈزىنىڭ كۆز يېتىدىغان يىراقلىقتا تۇتاشقاندەك كۆرۈنىدىغان قىسمىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن تەرىپىدە) كۆرگەن، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام شۇنداق كۆرۈنۈپ بارغانسېرى پەسلەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر كاماننىڭ ئىككى ئەگمەچ (ئوتتۇرىدىن تۇتىدىغان يېرىدىن ئىككى ئۇچىغىچىلىك بولغان ئىككى) تەرىپىدەك يېقىن بولغان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن بولغان، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن تاپشۇرۇۋالغان ۋەھىينى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلغان. بۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنە شۇ تۇنجى ۋەھىينى تاپشۇرۇۋېلىشى ۋە ئۇنىڭ شەكلى بايان قىلىنىدۇ. بۇ، مىلادىيەنىڭ 610 - يىلى، رامىزان ئېيىنىڭ 21 - كۈنى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشى قەمەرىيە ھېسابى بىلەن 40 ياش، ئالتە ئاي ۋە 12 كۈن ئىدى، شەمسىيە ھېسابى بىلەن 39 ياش، ئۈچ ئاي ۋە 12 كۈن ئىدى. ئاللاھ تائالا 1 ~ 11 - ئايەتلەردە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئەسلىي سۈرىتى بىلەن كۆرۈنۈپ ۋەھىي نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 13 ~ 18 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى ئەسلىي سۈرىتىدە يەنە بىر قېتىم كۆرگەنلىكىنى ۋە قەيەردە كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەنكىچە : — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَىٰ
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار -مۇھەممەد - گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
قېرىندىشىڭلار گۇمراھ بولمىدى ۋە ئازمىدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا يَنْطِقُ عَنِ الْهَوَىٰ
(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ
پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ سۆزلىگىنى ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ۋەھىيدىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَىٰ
ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى — مۇھەممەد سالىھ
ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە -جىبرىئىل- تەلىم بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋەھىينى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك بىرى ئۆگەتتى، — ئەنەس ئالىم
-
ذُو مِرَّةٍ فَاسْتَوَىٰ
ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەقىللىق ۋە چىرايلىق بىرى. ئۇ توغرىلاندى، — ئەنەس ئالىم
-
وَهُوَ بِالْأُفُقِ الْأَعْلَىٰ
ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ يۇقىرى ئۇپۇقتا ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ بۇ چاغدا ئەڭ يۇقىرى ئۇپۇقتا ئىدى، — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ
ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئاستا - ئاستا يېقىنلىشىپ، — ئەنەس ئالىم
-
فَكَانَ قَابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنَىٰ
ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىككى يانىڭ بىر كىرىچىدەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن بولدى. — ئەنەس ئالىم
-
فَأَوْحَىٰ إِلَىٰ عَبْدِهِ مَا أَوْحَىٰ
ئاللاھ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھىيلەرنى ۋەھىي قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بەندىسىگە ۋەھيىلەرنى ۋەھىي قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئاللاھنىڭ بەندىسىگە، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان نەرسىنى ۋەھىي قىلدى. — ئەنەس ئالىم
-
مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَأَىٰ
ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ بەندىنىڭ دىلى كۆرگىنىنى يالغان دېمىدى. — ئەنەس ئالىم
-
أَفَتُمَارُونَهُ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇشرىكلار! سىلەر يەنىلا ئۇنىڭ كۆرگىنى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ رَآهُ نَزْلَةً أُخْرَىٰ
ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ جىبرىئىلنى ئىككىنچى قېتىم كۆردى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ بەندە ئۇنى باشقا بىر قېتىم چۈشكەندىمۇ كۆردى، — ئەنەس ئالىم
(13-18) بەندىمىز مۇھەممەد، جىبرىئىلنى «جەننەتۇۇلمەئۋا»نىڭ ئالدىدىكى «سىدرەتۇلمۇنتەھا»نىڭ يېنىدا، يەنە بىر قېتىم ئەسلىي سۈرىتى بىلەن چۈشكەن ۋە يېقىنلاشقان چاغدا كۆردى، ئۇ چاغدا «سىدرەتۇلمۇنتەھا»نى قاپلىغان نەرسە (ئاجايىباتلار) قاپلاپ تۇراتتى. بەندىمىز مۇھەممەدنىڭ كۆزى كۆرۈشكە تېگىشلىك يەردىن باشقا يەرگە بۇرۇلۇپمۇ كەتمىدى، ئۇ يەردىن باشقا يەرگە ئۆتۈپمۇ كەتمىدى. بەندىمىز مۇھەممەد ئەنە شۇ جايدا ۋە شۇ ئەھۋال ئاستىدا رەببىنىڭ بەزى بۈيۈك ئايەتلىرىنى كۆردى. بۇ توغرىدا ھەدىس، تەپسىر ۋە سىيەر كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان بىر قەدەر كۈچلۈك ۋە كۆپچىلىك ئىسلام ئالىملىرى قوبۇل قىلغان رىۋايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر كېچىسى ھەرەم مەسجىدىدىكى چېغىدا پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىدۇ، ئۇنى بەدىنى ۋە روھى بىلەن ئويغاق ھالىتىدە «بۇراق» ئىسىملىك بىر ئۇلاغقا مىندۈرۈپ «بەيتىلمەقدىس»كە (ھازىرقى ئەقسا مەسجىدىنىڭ ئورنىغا) ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن بىرىنچى قات ئاسمانغا چىقىرىدۇ ۋە كېيىن ھەر قات ئاسماندىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى يەتتىنچى قات ئاسمانغا، ئۇ يەردىن «سىدرەتۇلمۇنتەھا» دېيىلىدىغان جايغا ئېلىپ چىقىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شۇ يەردە بىر قىسىم ئاجايىباتلار كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئەينى كېچىدە ئۆيىگە قايتۇرۇپ قويۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
عِنْدَ سِدْرَةِ الْمُنْتَهَىٰ
ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى — مۇھەممەد سالىھ
سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا — تەرجىمە ھەيئىتى
سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا. — ئەنەس ئالىم
-
عِنْدَهَا جَنَّةُ الْمَأْوَىٰ
جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ يېنىدا جەننەتۇلمەئۋا باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ يېنىدا مەئۋا جەننىتى بار. — ئەنەس ئالىم
-
إِذْ يَغْشَى السِّدْرَةَ مَا يَغْشَىٰ
(ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى) — مۇھەممەد سالىھ
سىدرەتۇلمۇنتەھانى قاپلىغان نەرسە قاپلىغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ چاغدا سىدرەتۇلمۇنتەھانى قاپلىغان نەرسە قاپلاپ تۇراتتى. — ئەنەس ئالىم
-
مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ ـ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى — مۇھەممەد سالىھ
كۆز ئوڭ ـ سولغا بۇرالمىدى، ھەددىدىنمۇ ئاشمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
كۆز بۇرۇلمىدى ۋە ھەددىدىن ئاشمىدى. — ئەنەس ئالىم
-
لَقَدْ رَأَىٰ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِ الْكُبْرَىٰ
شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئۇ رەببىڭنىڭ كاتتا بىر قىىسم ئايەتلىرىنى كۆردى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئۇ رەببىنىڭ بۈيۈك ئايەتلىرىنى كۆردى. — ئەنەس ئالىم
-
أَفَرَأَيْتُمُ اللَّاتَ وَالْعُزَّىٰ
ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرمۇ لات، ئۇززانى كۆردۈڭلارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! نېمىدۇر، لات ۋە ئۇززا؟ — ئەنەس ئالىم
(19-20) ئى مۇشرىكلار! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان لات ۋە ئۇززا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى ۋە ئاخىرقىسى بولغان مەنات دېگەن بۇتلارنىڭ نېمىلىكىنى بىلدىڭلارمۇ؟ ئۇلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ سىلەرگە بىرەر پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ ياكى سىلەردىن بىرەر زىياننى قايتۇرۇۋېتەلەمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَكُمُ الذَّكَرُ وَلَهُ الْأُنْثَىٰ
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) (سىلەرچە ياخشى ھېسابلانغان) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، (سىلەرچە يامان ھېسابلانغان) قىز بالا ئاللاھقا خاسمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇشرىكلار جامائەسى!- ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، قىز بالا ئاللاھقا خاسمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئوغۇل سىلەرنىڭ، قىز ئاللاھنىڭمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(21-22) ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەيسىلەر! ھالبۇكى، ئۆزۈڭلار قىز بالىنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاندىن ئۆزۈڭلار ياقتۇرمىغان قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىسىلەر! ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان قىز ئاللاھنىڭ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇل سىلەرنىڭمۇ؟ ئۇ تەقدىردە بۇ ئادالەتسىز تەقسىمات بولمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تِلْكَ إِذًا قِسْمَةٌ ضِيزَىٰ
ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز بىر تەقسىماتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنداق بولسا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنْ هِيَ إِلَّا أَسْمَاءٌ سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَمَا تَهْوَى الْأَنْفُسُ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مِنْ رَبِّهِمُ الْهُدَىٰ
بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، ئاللاھ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل ـ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك ـ شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ بۇلار ھەققىدە ھېچبىر دەلىل ـ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا رەببى تەرىپىدىن شەك ـ شۈبھىسىز ھىدايەت كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار پەقەت ئىسىملاردىنلا ئىبارەتتۇر، ئۇ ئىسىملارنى سىلەر ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالدىڭلار. ئاللاھ ئۇ ئىسىملار توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل نازىل قىلمىدى. ئۇلار پەقەت گۇمانغا ۋە كۆڭۈللىرى ياقتۇرىدىغان نەرسىگىلا ئەگىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارغا رەببىدىن ھىدايەت كەلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان ئۇ بۇتلار ھەقىقىتى يوق ئىسىملاردىنلا ئىبارەتتۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىلاھ بولۇش ئالاھىدىكى يوق. سىلەر ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئۇ بۇتلارنى نەپسى خاھىشىڭلار بويىچە شۇ ئىسىملار بىلەن ئاتاپ چوقۇندۇڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا چوقۇنۇشۇڭلار توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل نازىل قىلمىدى. سىلەر ئۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشتا پەقەت گۇمانىڭلارغا ۋە نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىۋاتىسىلەر؛ تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك قىلىپ شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلەۋاتىسىلەر. ھالبۇكى، سىلەرگە ئۆزۈڭلارنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەڭلار - ئاللاھ تەرىپىدىن كىتاب ۋە پەيغەمبەر كەلدى، سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىغا بويسۇنساڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشسەڭلار توغرا يولنى تاپقان بولاتتىڭلار، شۇنداقلا نىجاتلىققا ئېرىشەتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ لِلْإِنْسَانِ مَا تَمَنَّىٰ
ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئىنسان نېمە ئارزۇ قىلسا ئۇنىڭغا ئېرىشەمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(24-25) مۇشرىكلار ئۇ بۇتلارغا «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شافائەت قىلىدۇ» دېگەن ئارزۇ بىلەن چوقۇنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەسلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئىشلىرى پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ ھەر ئىككى ئالەمدە پەقەت ئاللاھنىڭ ھۆكمىلا ئىجرا قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلِلَّهِ الْآخِرَةُ وَالْأُولَىٰ
ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياق، ئاخىرەت ۋە دۇنيا پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَكَمْ مِنْ مَلَكٍ فِي السَّمَاوَاتِ لَا تُغْنِي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا إِلَّا مِنْ بَعْدِ أَنْ يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَرْضَىٰ
ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بار. ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان كىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ئەسقاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار قىيامەت كۈنى بۇتلىرىنىڭ شافائىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. يۇقىرى مەرتىۋىلىك پەرىشتىلەرنىڭ شافائىتى ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان كىشىگىلا ئەسقاتىدۇ؛ ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرگە شافائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا رۇخسەت بەرگەندە ئۇلارغا شافائەت قىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ شافائەتنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھقا يېقىن پەرىشتىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرغان يەردە بۇ مۇشرىكلار بۇتلىرىنىڭ شافائەت قىلىشىنى قانداقمۇ ئارزۇ قىلىدۇ؟! بۇتلار ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىغا دۇنيادىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزۈشتىن ئاجىز تۇرسا ئاخىرەتتە قانداقمۇ شافائەت قىلسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ مۇشرىكلاردىن رازى ئەمەس، ئۇلارغا شافائەت قىلىشى ئۈچۈن ھېچكىمگە رۇخسەت قىلمايدۇ، ئەمەسمۇ! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ لَيُسَمُّونَ الْمَلَائِكَةَ تَسْمِيَةَ الْأُنْثَىٰ
شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار پەرىشتىلەرنى چىشى ئىسىملىرى بىلەن ئاتايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(27-28) مۇشرىكلار ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك بەندىلىرىنى «قىزلار» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىقىغا ئاللاھقا تۆھمەت قىلىش گۇناھىنى قوشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقاد ۋە دەۋالىرىدا ھېچبىر ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار پەقەت گۇمانغا ئەگىشىپلا شۇنداق سۆزنى ئېيتىدۇ ۋە دەۋا قىلىدۇ. گۇمان بولسا، ھەقتىن ھېچ نەرسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆھمىتىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ ۖ وَإِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا
ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھالبۇكى ئۇلار ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدا ھېچبىر ئىلمى يوق. ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. گۇمان بولسا، ھەقتىن ھېچ نەرسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
فَأَعْرِضْ عَنْ مَنْ تَوَلَّىٰ عَنْ ذِكْرِنَا وَلَمْ يُرِدْ إِلَّا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بىزنىڭ زىكرىمىز –يەنى قۇرئان-دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ قۇرئانىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە دۇنيا ھاياتىنىلا ئىرادە قىلغان كىشىلەردىن يۈز ئۆرۈگىن. — ئەنەس ئالىم
(29-30) ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ قۇرئانىمىزغا بويسۇنۇشتىن باش تارتقان ۋە دۇنيادا كەيپ - ساپا سۈرۈشنىلا كۆزلىگەن ئۇ كافىرلاردىن يۈز ئۆرۈگىن؛ ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمىگىن، ئۇلارنىڭ ناشايان سۆزلىرى ۋە قىلىقسىز ھەرىكەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئۆزۈڭنىڭ تائەت - ئىبادەت ۋە دەۋەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغىن. چۈنكى ئۇلار ئەگەشكەن گۇمان، ئۇلار ئىلىمدىن يەتكەن ئاخىرقى پەللىدۇر. رەببىڭ، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنى ۋە توغرا يولغا كەلگەن كىشىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ؛ ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ، توغرا يولغا كەلگەنلەرنى توغرا يولدا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ مَبْلَغُهُمْ مِنَ الْعِلْمِ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اهْتَدَىٰ
ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى ئەنە شۇدۇر. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ أَسَاءُوا بِمَا عَمِلُوا وَيَجْزِيَ الَّذِينَ أَحْسَنُوا بِالْحُسْنَى
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يامان ئىش قىلغانلارنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ، ياخشى ئىش قىلغانلارنى ئەڭ ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاللاھ ساقلاۋاتىدۇ. ئۇلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئاللاھ پىلانلاپ ئاللاھ مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ، بۇ دۇنيادا يامان ئىش قىلغانلارغا ئۇ دۇنيادا ئۆز ئادالىتى بىلەن جازا بېرىدۇ، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلارغا بولسا ئۇ دۇنيادا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپات بېرىدۇ؛ بىر يامانلىققا بىر جازا بېرىدۇ، بىر ياخشىلىققا ھەسسىلەپ مۇكاپات بېرىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىققا ھەسسىلەپ بېرىدىغان مۇكاپاتى، ياخشىلىق قىلغۇچىنى قىيامەت كۈنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشتۇر، يامانلىققا كەم - زىيادە قىلىنماستىن بېرىدىغان جازاسى بولسا قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلاپ مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ وَاسِعُ الْمَغْفِرَةِ ۚ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَإِذْ أَنْتُمْ أَجِنَّةٌ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ ۖ فَلَا تُزَكُّوا أَنْفُسَكُمْ ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَىٰ
ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىدىغان كىشىلەردۇر. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرىتى كەڭ زاتتۇر. ئۇ سىلەرنىڭ، سىلەرنى ئۆزى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنىمۇ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا تۆرەلمىلەر ھالىتىدە بولۇۋاتقان چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنىمۇ ئوبدان بىلگۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار. ئاللاھ تەقۋادار بولغان كىشىنى ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلىپ ئۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان كىشىلەر، كىچىك گۇناھلاردىن ساقلىنالمىسىمۇ چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ساقلانغان كىشىلەردۇر، چۈنكى ئاللاھ چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغانلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلارنى ۋە ئاجىزلىقىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتىڭلار ۋە ئاجىزلىقىڭلار بىلەن ساقلىنالمىغان كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشىڭلار، شۇنداقلا چوڭ - كىچىك گۇناھلاردىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭلار كېرەك، شۇڭلاشقا ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلاردىن پاك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماڭلار، ئاللاھ، ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ئىنساننى سىناش ئۈچۈن يارىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى - يامان ئىككى يولنى قويغان ۋە ھەر ئىككىسىنى تونۇتقان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قايسى يولغا كىرىش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ئاندىن ئۇنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇغان، يامان ئىشلاردىن توسقان. ئاللاھ تائالا بىرەر ئىشنى ھارام قىلغان بولسا، ئۇ ئىش چوڭ گۇناھ، ئۇ ئىشقا ئېلىپ بارىدىغان يول، يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەب ۋە يەتكۈزىدىغان ۋاسىتىلار كىچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ تائالا بۇ كىچىك گۇناھلاردىنمۇ مەنئى قىلىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا زىنادىن مەنئى قىلىش بىلەن بىرگە ئەر - ئاياللارنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئاياللارنى باشقىلارغا مەخپىي زىننەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ مېڭىشتىن مەنئى قىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ چوڭ گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان يوللاردىنمۇ مەنئى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا چوڭ - كىچىك بارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. لېكىن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 4 - سۈرە (نىسا)نىڭ 31 - ئايىتىدە، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىپ چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنالىغان، لېكىن كىچىك گۇناھلاردىن ساقلىنالمىغانلارغا ئۇ كىچىك گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ، چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَرَأَيْتَ الَّذِي تَوَلَّىٰ
(ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- يۈز ئۆرۈگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! شۇ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يۈز ئۆرۈدى — ئەنەس ئالىم
(33-35) ئى مۇھەممەد! مۇنۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەجەبلەنگىن: ئۇ ئادەم ھەقىقەتكە بويسۇنۇشتىن باش تارتتى ۋە ياخشى يوللارغا ئازغىنە مال بېرىپ توختىۋالدى. ئۇنىڭ يېنىدا غەيب ئىلمى بولۇپ، ئۇ كىشى ئۇ غەيىب ئىلمىنىڭ ئىچىدە ياخشى يوللارغا پۇل - مال چىقىم قىلمىسىمۇ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرەمدۇ؟ ياق، ئۇنداق ئىش يوق، ئۇ بېخىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بەرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَعْطَىٰ قَلِيلًا وَأَكْدَىٰ
ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ئازغىنە بېرىپ، توختىۋالدى. — ئەنەس ئالىم
-
أَعِنْدَهُ عِلْمُ الْغَيْبِ فَهُوَ يَرَىٰ
ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئىلمىي غەيب بولۇپ، ئۇ غەيبنى بىلەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ دەرگاھىدا غەيب ئىلمىي بولۇپ، ئۇ كۆرىۋاتامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ يېنىدا غەيب ئىلمى بولۇپ، ئۇ كۆرەمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
-
أَمْ لَمْ يُنَبَّأْ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ
ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ياكى بولمىسا ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكىلەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىن خەۋەردار قىلىنمىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(36-54) ياكى ئۇ ئادەم، مۇسانىڭ ۋە ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغان ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزلەردىن خەۋەردار قىلىنمىدىمۇ؟ ئۇ سۆزلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: «ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئىنساننىڭ قىلمىشى يېقىندا (قىيامەت كۈنىدە) ئۇنىڭغا كۆرسىتىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا، قىلمىشى ياخشى بولسا تولۇق مۇكاپات، يامان بولسا تولۇق جازا بېرىلىدۇ. مەخلۇقاتنىڭ ئاخىرقى يىغىلىش ئورنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. كۈلگەن كىشىلەرنى كۈلدۈرگەن، يىغلىغان كىشىلەرنى يىغلاتقان ئاللاھتۇر. ئۆلۈۋاتقان كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن، ياشاۋاتقان كىشىلەرنى ياشاتقان ئاللاھتۇر. چىشى جانلىقلارنىڭ بالىياتقۇلىرىغا تۆكۈلگەن مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن بىر جۈپنى - ئەركەك بىلەن چىشىنى - ياراتقان ئاللاھتۇر. قىيامەت كۈنى قايتا يارىتىشنىمۇ ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدىغان ۋە بايلارغا مال - مۈلۈك بەرگەن ئاللاھتۇر. «شىئرا» يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاۋۋالقى ئاد قەۋمىنى ھالاك قىلدى، سەمۇد قەۋمىنىمۇ بىرنى قويماي ھالاك قىلدى. ئاللاھ ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلغان ئىدى، چۈنكى ئۇلار ناھايىتى زالىم ئىدى ۋە بەك ھەددىدىن ئاشقان ئىدى. ئاللاھ كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرتلارنىڭ ئاھالىسىنىمۇ ھالاك قىلىپ، يەر ئاستىغا پاتۇرۇۋەتتى؛ ئۇ يۇرتلارنى ئاھالىسى بىلەن قوشۇپ كۆمتۈرۈپ ئۈستىگە مەخسۇس تاشلارنى ياغدۇرۇۋەتتى». «شىئرا (سىرىئۇس)» - جاھىلىيەت دەۋرىدە بەزى ئەرەبلەر چوقۇنىدىغان يۇلتۇزنىڭ نامى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِبْرَاهِيمَ الَّذِي وَفَّىٰ
ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ۋاپادار ئىبراھىمنىڭكىدىنچۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋاپادار ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىنچۇ؟ — ئەنەس ئالىم
-
أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ
ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭدا «بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ نەرسە شۇ: ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَىٰ
ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّ سَعْيَهُ سَوْفَ يُرَىٰ
ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ يُجْزَاهُ الْجَزَاءَ الْأَوْفَىٰ
ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الْمُنْتَهَىٰ
ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاخىرقى يىغىلىش ئورنى رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّهُ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَىٰ
ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرىدۇ ۋە يىغلىتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
پەقەتلا ئۇ كۈلدۈرىدۇ ۋە يىغلىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّهُ هُوَ أَمَاتَ وَأَحْيَا
ئاللاھ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
پەقەتلا ئۇ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّهُ خَلَقَ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ
ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ بىر جۈپنى - ئەركەك بىلەن چىشىنى - ياراتتى، — ئەنەس ئالىم
-
مِنْ نُطْفَةٍ إِذَا تُمْنَىٰ
ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى) — مۇھەممەد سالىھ
ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
بالىياتقۇلارغا تۆكۈلگەن مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّ عَلَيْهِ النَّشْأَةَ الْأُخْرَىٰ
(ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى — تەرجىمە ھەيئىتى
يەنە بىر قېتىم يارىتىشنىمۇ ئۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّهُ هُوَ أَغْنَىٰ وَأَقْنَىٰ
ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە (ئاز بىلەنمۇ) مەمنۇن قىلالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئىنساننى باي قىلىدۇ ۋە پېقىرلاشتۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
پەقەتلا ئۇ بىھاجەت قىلىدۇ ۋە مۈلۈك ئىگىسى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّهُ هُوَ رَبُّ الشِّعْرَىٰ
ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ رەببىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شىئرا يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى ئۇدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّهُ أَهْلَكَ عَادًا الْأُولَىٰ
ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاۋۋالقى ئادنى ھالاك قىلدى، — ئەنەس ئالىم
-
وَثَمُودَ فَمَا أَبْقَىٰ
سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى — مۇھەممەد سالىھ
سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ قويمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلدى، بىرىنىمۇ قويمىدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَوْمَ نُوحٍ مِنْ قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا هُمْ أَظْلَمَ وَأَطْغَىٰ
ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدى، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلغان ئىدى، چۈنكى ئۇلار ناھايىتى زالىم ۋە بەك ھەددىدىن ئاشقان ئىدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَالْمُؤْتَفِكَةَ أَهْوَىٰ
. لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى — مۇھەممەد سالىھ
قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرتلارنىمۇ ھالاك قىلىپ، يەر ئاستىغا پاتۇرۇۋەتتى. — ئەنەس ئالىم
-
فَغَشَّاهَا مَا غَشَّىٰ
. لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇنى قاپلىغان نەرسە قاپلىۋالدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ يۇرتلارنى قاپلىۋالغان نەرسە قاپلىۋالدى. — ئەنەس ئالىم
-
فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ
ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسان! رەببىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق ئىكەن رەببىڭنىڭ قايسى نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسان! ئەنە شۇ ئىشلارنى ئاللاھ قىلدى، ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە سېنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ قايسى نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَٰذَا نَذِيرٌ مِنَ النُّذُرِ الْأُولَىٰ
بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇمۇ، ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئاۋۋالقى ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(56-62) ئى مۇشرىكلار! بۇ مۇھەممەد ئېزىپ كەتكەن كىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ بىزنىڭ ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىز قاتارىدىكى بىر ئەلچىدۇر. يېقىنلاشقۇچى - قىيامەت يېقىنلاشتى، ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ؛ ئاللاھقا ھېساب بېرىش ۋاقتىڭلار كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟ ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا مەسخىرە قىلىپ كۈلەمسىلەر، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقۇپ يىغلىمامىسىلەر؟ سىلەر بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىلەر، ئۇنداق قىلماڭلار، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَزِفَتِ الْآزِفَةُ
قىيامەت يېقىنلاشتى — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت يېقىنلاشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
يېقىنلاشقۇچى يېقىنلاشتى. — ئەنەس ئالىم
-
لَيْسَ لَهَا مِنْ دُونِ اللَّهِ كَاشِفَةٌ
ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن باشقا ئۇنى كەشىپ قىلغۇچى يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭ پەردىسىنى ئاچقۇچى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
أَفَمِنْ هَٰذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ
(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر بۇ سۆزدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ سۆزدىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنْتُمْ سَامِدُونَ
سىلەر غاپىلدۇرسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر غاپىلدۇرسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئويۇن بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
فَاسْجُدُوا لِلَّهِ وَاعْبُدُوا ۩
ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
قېنى ئەمدى ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم