يۈسۈف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 111 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان
  1. (12-سۈرە يۈسۈف، 1-ئايەت) قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْمُبِينِ
    ئەلىف، لام، را. بۇ روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلىف، لام، را. بۇ روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلىف، لام، را. بۇلار روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئەلىف، لام، را. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ كىتابنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ چۈشەنگەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىز ئەلچىمىز مۇھەممەد ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ ئايەتلەر ھەر جەھەتتىن روشەن بولغان كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. بىز ئۇ كىتابنى ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە نازىل قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (12-سۈرە يۈسۈف، 3-ئايەت) يۈسۈپ
    نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ أَحْسَنَ الْقَصَصِ بِمَا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ هَٰذَا الْقُرْآنَ وَإِنْ كُنْتَ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الْغَافِلِينَ
    بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسەنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسەدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ قۇرئاننى ساڭا ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ چىرايلىق قىسسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قىسسىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق، ساڭا ئەڭ گۈزەل قىسسەنى بايان قىلىپ بېرىمىز. شۈبھىسىزكى، سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ قىسسەدىن بىخەۋەر كىشىلەردىن ئىدىڭ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى (بۇ سۈرىنى) ۋەھىي قىلىش بىلەن ئەڭ گۈزەل قىسسەنى بايان قىلىپ بېرىمىز. شۈبھىسىزكى، سەن بىز بۇ سۈرىنى ۋەھىي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ قىسسەدىن ھەقىقەتەن خەۋەرسىز كىشىلەردىن ئىدىڭ. ئاللاھ تائالا 3 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇ سۈرىنى نازىل قىلىش بىلەن ئەڭ گۈزەل قىسسەنى بايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 4 - ئايەتتىن باشلاپ، 101 - ئايەتكىچە ئەنە شۇ گۈزەل قىسسەنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (12-سۈرە يۈسۈف، 4-ئايەت) يۈسۈپ بىشارەتلىك چۈشلەر
    إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ إِنِّي رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِي سَاجِدِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا يۈسۈف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا!مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئاتىسىغا: «ئى دادىكا! مەن چۈشۈمدە ئون بىر پلانېتا، قۇياش ۋە ئاينى كۆردۈم. ئۇلارنى ماڭا سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم» دېگەن ئىدى[1]، — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ گۈزەل قىسسە مۇنداق: ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئاتىسى يەئقۇبقا: «ئى دادىكا! مەن چۈشۈمدە 11 سەييارە، قۇياش ۋە ئاينى كۆردۈم. شۇنداق، مەن ئۇلارنى ماڭا بىرلىكتە سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم» دېدى. ئەسكەرتىش: يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرگىنى «نەجم - نجم» ئەمەس، «كەۋكەب - كوكب»دۇر. «نەجم» يۇلتۇز، «كەۋكەب» سەييارە (پلانېتا) دېگەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ ئايەتتە قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانېتىلارنىڭ سانىغا ئىشارەت قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (12-سۈرە يۈسۈف، 5-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى يۈسۈپ
    قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَىٰ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنْسَانِ عَدُوٌّ مُبِينٌ
    ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ سالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاتىسى - يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-: «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتىسى مۇنداق دېدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن. ئەگەر ئېيتساڭ ئۇلار ساڭا سۇيىقەست قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، شەيتان ئىنسانغا ئاشكارا دۈشمەندۇر. — ئەنەس ئالىم

    «ئوغۇلچىقىم! بۇ چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىغا تىنمىغىن، ئۇلار بۇ چۈشۈڭنى ئاڭلاپ قالسا ساڭا ھەسەت قىلىدۇ، سېنى دۈشمەن تۇتىدۇ ۋە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ھىيلە - مىكىر قىلىدۇ. بۇ ئىشتا شەيتان ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ، چۈنكى، شەيتان ئىنسانغا ئاشكارا دۈشمەندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ آلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَىٰ أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    شۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭغا ئوخشاش، رەببىڭ سېنى - پەيغەمبەرلىككە- تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭدەك رەببىڭ سېنى تاللايدۇ، ساڭا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگىتىدۇ، بۇرۇن ئىككى ئاتاڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا نېمىتىنى تاماملىغاندەك، ساڭىمۇ ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادىغىمۇ نېمىتىنى تاماملايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئوغۇلچىقىم! سەن ئۆزۈڭنى چۈشۈڭدە ئالىي مەرتىۋىدە كۆرگىنىڭدەك، رەببىڭ ئاللاھ سېنى ئەمەلىي ھاياتىڭدا ئالىي مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرىدۇ، ساڭا چۈشلەرنىڭ تەبىرلىرىدىن ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى ئاتاڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا نېمىتىنى تاماملىغاندەك، ساڭىمۇ ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ نېمىتىنى تاماملايدۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىنئاملارنى ئاتا قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇردۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (12-سۈرە يۈسۈف، 7-ئايەت) يۈسۈپ
    لَقَدْ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِ آيَاتٌ لِلسَّائِلِينَ
    يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسەسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ -قىسسىسىدە- سورىغۇچىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن -ئىبرەتلىك- ئايەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدا سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ قىسسەسىدە ۋە ئۇنىڭ ئاتا بىر (ئون) قېرىنداشلىرى بىلەن ئوتتۇرۇسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردا ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ، ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر، پىلانىنىڭ پۇختا ۋە تاللىغان بەندىسىگە ئىلتىپاتىنىڭ كاتتا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بار: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (12-سۈرە يۈسۈف، 8-ئايەت) ئادالەتسىزلىك يۈسۈپ
    إِذْ قَالُوا لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز(نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى - بۇنيامىن- ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز -كۈچلۈك- جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز ئەلۋەتتە روشەن خاتالىق ئىچىدىدۇر» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزئارا مۇنداق دېيىشكەن ئىدى: «شۈبھىسىزكى، يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئاتىمىزغا بىزدىن بەك سۆيۈملۈكتۇر. ھالبۇكى، بىز كۈچلۈك جامائەمىز. شۈبھىسىزكى، ئاتىمىز ئاشكارا خاتالىق ئىچىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇفنىڭ ئاتا بىر قېرىنداشلىرى ئۆزئارا مۇنداق دېيىشكەن ئىدى: «يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانا بىر قېرىندىشى، ئاتىمىزغا بىزدىن بەك سۆيۈملۈك. ھالبۇكى، ئاتىمىزغا بىز ئەسقاتماقتىمىز، چۈنكى بىز كۈچلۈك بىر جامائەمىز. ئاتامىز ئۇ ئىككى نان قېپىنى ئۆينىڭ جىمى ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان بىزدىن ئۈستۈن تۇتۇش بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (12-سۈرە يۈسۈف، 9-ئايەت) يۈسۈپ تەۋبە قىلىش
    اقْتُلُوا يُوسُفَ أَوِ اطْرَحُوهُ أَرْضًا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُوا مِنْ بَعْدِهِ قَوْمًا صَالِحِينَ
    (ئۇلار) «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ (گۇناھ) تىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇلار- «يۈسۈفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار، ياكى ئۇنى يىراق بىر جايغا تاشلىۋېتىڭلار، -شۇ چاغدا- ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن -تەۋبە قىلىپ- ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى بىر يەرگە تاشلىۋېتىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى سىلەرگىلا قالسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ياخشى قەۋم بولىسىلەر». — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ياكى ئۇنى يىراق بىر جايغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاتاڭلارنىڭ نەزەر - ئېتىبارى سىلەرگىلا قالىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلىسىلەر، ئىشلار يولىغا كىرىدۇ ۋە سىلەر ئوبدان ئادەملەر بولىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (12-سۈرە يۈسۈف، 10-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ لَا تَقْتُلُوا يُوسُفَ وَأَلْقُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ يَلْتَقِطْهُ بَعْضُ السَّيَّارَةِ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
    ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، (ئەگەر ئۇنى ئاتىسىدىن يىراق قىلماقچى بولساڭلار،) ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۈسۈفنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋانلارنىڭ بىرى ئېلىۋالسۇن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سۆزى ئۆتىدىغان بىرى: «يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇنى قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلىۋېتىڭلار، كارۋانلارنىڭ بەزىسى تېپىۋالسۇن. قىلساڭلار مۇشۇنداق قىلىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ يۇسۇفتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا ئۆزئارا ئېيتىشقان سۆزلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى يىراق بىر جايغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىشكە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆزى ئۆتىدىغان بىرى مۇنداق دېدى: «يۇسۇفنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ناھايىتى قەبىھ جىنايەتتۇر. ناۋادا يۇسۇفنى ئاتىمىزدىن ئايرىۋېتىش ھەققىدە ئىرادەڭلار قەتئىي بولسا، ئۇنى قۇدۇقنىڭ سىرتتىن قارىغاندا كۆرۈنمەيدىغان يېرىگە تاشلىۋېتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار كارۋانلارنىڭ بىرى قۇدۇقتىن سۇ ئالماقچى بولغان چېغىدا ئۇنى ئۇچرىتىپ قۇدۇقتىن چىقىرىدۇ ۋە يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇ ئارقىلىقمۇ قۇتۇلۇپ كېتىسىلەر ئەمەسمۇ!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  11. (12-سۈرە يۈسۈف، 11-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا يَا أَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأْمَنَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُ لَنَاصِحُونَ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۈسۈف توغرىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاتىمىز! ساڭا نېمە بولدىكىن، يۇسۇف توغرۇلۇق بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا راستتىنلا كۆيۈنگۈچى كىشىلەرمىز. — ئەنەس ئالىم

    (11-12) ئالدىنقى ئايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك، يۇسۇفنىڭ ئاتا بىر قېرىنداشلىرى يۇسۇفنى ئۆيدىن يىراقلاشتۇرۇش پىلانى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ ئاخىرىدا، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىش ئۈستىدە بىردەك قارار قىلىشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئاتىسى يەئقۇبنىڭ يېنىغا كېلىپ، يۇسۇفكە كۆيۈنگەن ۋە ئۇنى بەك سۆيگەن قىياپەتكە كىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاتىمىز! ساڭا نېمە بولدىكىن، يۇسۇف توغرۇلۇق بىزگە ھېچ ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن كۆيۈنىمىز. ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ يايلاققا ئەۋەتكىن، كەڭتاشا يەپ - ئىچسۇن، ئويناپ - يايرىسۇن. بىز ئۇنى چوقۇم قوغدايمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (12-سۈرە يۈسۈف، 12-ئايەت) يۈسۈپ
    أَرْسِلْهُ مَعَنَا غَدًا يَرْتَعْ وَيَلْعَبْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
    ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەتە ئۇنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، يەپ - ئىچىپ يايرىسۇن، ئوينىسۇن. بىز ئۇنى چوقۇم قوغدايمىز». — ئەنەس ئالىم

    .
  13. (12-سۈرە يۈسۈف، 13-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالَ إِنِّي لَيَحْزُنُنِي أَنْ تَذْهَبُوا بِهِ وَأَخَافُ أَنْ يَأْكُلَهُ الذِّئْبُ وَأَنْتُمْ عَنْهُ غَافِلُونَ
    يەئقۇب: «ئۇنى (يەنى يۈسۈفنى) ئېلىپ كەتسەڭلار راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەئقۇب: «ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار راستتىنلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئاتىسى: «ئۇنى ئېلىپ كەتسەڭلار خاتىرجەم بولالمايمەن. سىلەر ئۇنىڭدىن بىخەۋەر قېلىپ، ئۇنى بۆرىنىڭ يەپ قويۇشىدىن قورقىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب ئوغۇللىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ: «يۇسۇفنى ئېلىپ كەتسەڭلار مەن بەك غەمكىن بولىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر خەۋەرسىز قېلىپ ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  14. (12-سۈرە يۈسۈف، 14-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا لَئِنْ أَكَلَهُ الذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّا إِذًا لَخَاسِرُونَ
    ئۇلار: «بىز (كۈچلۈك) بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە ـ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «بىز بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە ـ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بىز كۈچلۈك جامائە تۇرۇقلۇق ئۇنى بۆرە يەپ قويسا، ئۇ تەقدىردە بىز قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان كىشىلەرمىز دېمەكتۇر» دېدى . — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار: «ئاتا! بىز كۈچلۈك بىر جامائە تۇرۇقلۇق ئۇنى بۆرە يەپ قويسا، بىز ئۇ تەقدىردە ھەقىقەتەن پايدىسىز، كېرەكسىز ۋە يارامسىز ئادەملەر بولغان بولىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  15. (12-سۈرە يۈسۈف، 15-ئايەت) يۈسۈپ
    فَلَمَّا ذَهَبُوا بِهِ وَأَجْمَعُوا أَنْ يَجْعَلُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ لَتُنَبِّئَنَّهُمْ بِأَمْرِهِمْ هَٰذَا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
    ئۇلار يۈسۈفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (سېنىڭ يۈسۈف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە خەۋەر بېرىسەن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يۈسۈفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۈسۈفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە ئېيتقىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۇسۇفنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى قۇدۇقنىڭ تېگىگە تاشلىۋېتىشنى بىردەك قارار قىلىشقان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى كەلگۈسىدە ئۇلارغا، ئۇلار سېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىڭنى ئاڭقارمايدىغان پەيتتە ئېيتىپ بېرىسەن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ ئاتا بىر قېرىنداشلىرى يۇسۇفنى ئاتىسى يەئقۇبتىن ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ ئاجراتتى ۋە ئۇنى ئېلىپ ھېلىقى قۇدۇقنىڭ يېنىغا بارغان ۋە ھەممە تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ ئۇنى قۇدۇقنىڭ كۆرۈنمەيدىغان يېرىگە تاشلىۋېتىش ئالدىدا تۇرغان چاغدا، بىز يۇسۇفكە، «قايغۇرمىغىن، سەن بۇ يەردىن قۇتۇلىسەن ۋە ئالى مەرتىۋىلەرگە ئېرىشىسەن. كۈن كېلىدۇ، سەن قېرىنداشلىرىڭنىڭ ساڭا قىلغان بۇ قوپال ۋە ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىسەن، ئۇ چاغدا ئۇلار سېنى تونۇمايدۇ» دەپ ۋەھىي (ئىلھام) قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (12-سۈرە يۈسۈف، 16-ئايەت) يالغانچىلىق يۈسۈپ
    وَجَاءُوا أَبَاهُمْ عِشَاءً يَبْكُونَ
    ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاخشىمى ئاتىلىرىنىڭ يېنىغا يىغلاشقان ھالدا كېلىپ: — ئەنەس ئالىم

    (16-17) يۇسۇفنىڭ ئاتا بىر قېرىنداشلىرى يۇسۇفنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ ئاخشىمى ئاتىسى يەئقۇبنىڭ يېنىغا يىغلاشقان ھالدا كەلدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى ئاتىمىز! بىز يۇسۇفنى نەرسە - كېرەكلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ قويۇپ، مۇسابىقىلەشكىلى كەتكەن ئىدۇق، ئۇ ئەسنادا يۇسۇفنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، بىز ھەرقانچە راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  17. (12-سۈرە يۈسۈف، 17-ئايەت) يالغانچىلىق يۈسۈپ
    قَالُوا يَا أَبَانَا إِنَّا ذَهَبْنَا نَسْتَبِقُ وَتَرَكْنَا يُوسُفَ عِنْدَ مَتَاعِنَا فَأَكَلَهُ الذِّئْبُ ۖ وَمَا أَنْتَ بِمُؤْمِنٍ لَنَا وَلَوْ كُنَّا صَادِقِينَ
    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! يۈسۈفنى نەرسىلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ يۈگۈرۈشكىلى كېتىپ قېلىپتۇق، ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ، راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئى ئاتىمىز! بىز يۇسۇفنى نەرسە - كېرەكلىرىمىزنىڭ يېنىدا قويۇپ مۇسابىقىلەشكىلى كەتكەن ئىدۇق، ئۇ ئەسنادا ئۇنى بۆرە يەپ كېتىپتۇ! راست گەپ قىلساقمۇ سەن بىزگە ئىشەنمەيسەن» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم

    .
  18. (12-سۈرە يۈسۈف، 18-ئايەت) يالغانچىلىق سەۋر يۈسۈپ
    وَجَاءُوا عَلَىٰ قَمِيصِهِ بِدَمٍ كَذِبٍ ۚ قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ وَاللَّهُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
    ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ (مۇشۇ يالغان) سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى يالغاندىن قانغا بوياپ ئېلىپ كېلىشكەن ئىدى. يەئقۇب: «بۇ ئىشنى نەپسىڭلار سىلەرگە چىرايلىق كۆرسىتىپ قىلغۇزۇپتۇ. مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، سىلەرنىڭ -مۇشۇ يالغان- سۆزۈڭلارنى كۆتۈرۈشۈمگە ئاللاھ مەدەتكاردۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىدە يالغان قان ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاتىلىرى ئۇلارغا: «ياق، نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن ۋە سىلەرنىڭ بۇ يالغان سۆزۈڭلارغا قارشى پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم تىلەيمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار سۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئۈستىگە باشقا بىر جانلىقنىڭ قېنىنى سۇۋاپ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئۇ ساختا قان سۇۋالغان كۆڭلەكنى يەئقۇبقا كۆرسەتتى. يەئقۇب: «ياق، ئۇنى بۆرە يەپ كەتمىدى، ئەكسىچە سىلەر نەپسى خاھىشىڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنىڭغا بىرەر زىيانكەشلىك قىلدىڭلار. ئەمدى مېنىڭ ھېچكىمگە دەرد تۆكمەستىن، شىكايەت قىلماستىن چىرايلىق سەۋر قىلىشىم كېرەك، ئېيتقان بۇ يالغان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم سورايمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (12-سۈرە يۈسۈف، 19-ئايەت) يۈسۈپ
    وَجَاءَتْ سَيَّارَةٌ فَأَرْسَلُوا وَارِدَهُمْ فَأَدْلَىٰ دَلْوَهُ ۖ قَالَ يَا بُشْرَىٰ هَٰذَا غُلَامٌ ۚ وَأَسَرُّوهُ بِضَاعَةً ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
    بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى (سۇ ئېلىپ كېلىشكە) ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇشخەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ يەردىن بىر كارۋان ئۆتتى، ئۇلار سۇچىسىنى -سۇ ئېلىپ كېلىشكە- ئەۋەتتى، ئۇ سوغىسىنى قۇدۇققا تاشلىدى ۋە: «خۇش خەۋەر! مانا بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە مەخپىي تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇفنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ يەرگە بىر كارۋان كېلىپ سۇچىسىنى سۇغا ئەۋەتكەن ئىدى. سۇچى بېرىپ سوغىسىنى قۇدۇققا ساڭگىلاتتى ۋە: «خۇش خەۋەر! بۇ بىر ئوغۇل بالا!» دېدى. ئۇلار ئۇنى تىجارەت مېلى سۈپىتىدە يوشۇردى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇراتتى. — ئەنەس ئالىم

    (19-20) يۇسۇفنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ ئاتا بىر قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن قۇدۇقتا تۇرۇۋاتقان ئىدى. ئۇ ئەسنادا مىسىرغا كېتىۋاتقان بىر كارۋان ئۇ جايغا كەلدى ۋە سۇ ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن سۇچىسىنى قۇدۇققا ئەۋەتتى. سۇچى سوغىسىنى (چېلىكىنى) قۇدۇققا ساڭگىلاتقان ۋە سۇ ئالدىم دەپ تارتقان ئىدى، يۇسۇف سوغىغا ئېسىلىپ قۇدۇقتىن چىقتى. سوغىسىدا يۇسۇفنى كۆرگەن سۇچى قاتتىق خۇش بولۇپ: «نېمىدېگەن خۇشاللىنارلىق خەۋەر! قالتىس خۇش خەۋەر! بۇ بىر ئوغۇل بالا» دېدى. ئۇلار يۇسۇفنى باشقىلار شېرىك بولۇۋالمىسۇن دەپ يوشۇردى ۋە تىجارەت مېلى ھېسابلىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇراتتى. ئۇلار يۇسۇفنى ئازغىنە پۇلغا يەنى بىرقانچە دىرھەمگە ساتتى، چۈنكى ئۇلار ئۇنى بالدۇرراق قوللىرىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (12-سۈرە يۈسۈف، 20-ئايەت) يۈسۈپ
    وَشَرَوْهُ بِثَمَنٍ بَخْسٍ دَرَاهِمَ مَعْدُودَةٍ وَكَانُوا فِيهِ مِنَ الزَّاهِدِينَ
    ئۇلار يۈسۈفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يۈسۈفنى ساناقلىق بىر قانچە تەڭگىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار يۈسۈفكە قىزىقمىغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇنى ئەرزان باھادا، بىر قانچە دىرھەمگە ساتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا قىزىقمىغۇچىلاردىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  21. وَقَالَ الَّذِي اشْتَرَاهُ مِنْ مِصْرَ لِامْرَأَتِهِ أَكْرِمِي مَثْوَاهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا ۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ وَلِنُعَلِّمَهُ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك (يەنى يۈسۈفنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزغىنىمىزدەك) يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ (خالىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك يۈسۈفنى - مىسىر- زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ خالىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ[ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى قەدىرلىگىن، ئوبدان باققىن! كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقاتار ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. بىز يۇسۇفنى ئۇ يەرگە ئەنە شۇنداق يەرلەشتۈردۇق. ئۇنىڭغا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگەتتۇق. ئاللاھ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم غالىبتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنى سېىتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ئايالىغا: «بۇنى ئەتىۋارلاپ ئوبدان باققىن، كېلەچەكتە بىزگە ئەسقېتىپ قالار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. يۇسۇفنىڭ كەلگۈسىدە مىسىر زېمىنىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئۈچۈن ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگىتىشىمىز ئۈچۈن ئۇنى مىسىرغا ئەنە شۇنداق يەرلەشتۈردۇق. ئاللاھ ئىرادە قىلغان ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ چوڭقۇر ھېكمىتىنى ۋە ئىنچىكە پىلانىنى بىلمەيدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ «يۇسۇفنىڭ كەلگۈسىدە مىسىر زېمىنىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئۈچۈن ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگىتىشىمىز ئۈچۈن ئۇنى مىسىرغا ئەنە شۇنداق يەرلەشتۈردۇق» دېگەن مەنىدىكى قىسمى، ئاللاھ تائالانىڭ، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا كۆرسەتكەن چۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى مىسىرغا يەرلەشتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇ چۈشكە «ئاللاھ سېنى تاللايدۇ، ساڭا چۈشلەرنىڭ تەبىرلىرىدىن ئۆگىتىدۇ ۋە ساڭا نېمىتىنى تاماملايدۇ» دېگەن مەنىدە تەبىر بەرگەن. بۇ تەبىرنىڭ ئايەتتە زىكىر قىلىنىشى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ سۆزلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن ئېيتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (12-سۈرە يۈسۈف، 22-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات يۈسۈپ
    وَلَمَّا بَلَغَ أَشُدَّهُ آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئاشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف چوڭىيىپ قىرانىغا يەتكەن چاغدا، بىز ئۇنىڭغا ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىخلاس بىلەن تائەت - ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلدۇق. ئى مۇھەممەد! بىز قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئىش قىلغان ھەر كىشىنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. وَرَاوَدَتْهُ الَّتِي هُوَ فِي بَيْتِهَا عَنْ نَفْسِهِ وَغَلَّقَتِ الْأَبْوَابَ وَقَالَتْ هَيْتَ لَكَ ۚ قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ رَبِّي أَحْسَنَ مَثْوَايَ ۖ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
    يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل!» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ(يەنى ئېرىڭ) ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف تۇرۇۋاتقان ئۆيدىكى ئايال - زۈلەيخا-، يۈسۈفتىن ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىشىكلەرنى تاقىۋېتىپ: «بېرى كەل» دېدى. يۈسۈف: «خۇدا پاناھ بەرسۇن! ئۇ - ئېرىڭ- ھەقىقەتەن مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى كۈتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن نىجات تاپالمايدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى، يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇندى، ئىشىكلەرنى مەھكەم تاقىۋەتتى ۋە: «قېنى، كەلسەڭچۇ!» دېدى. يۇسۇف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! شۈبھىسىزكى، ئۇ مېنىڭ خوجايىنىمدۇر، ئۇ مېنى ياخشى يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ، مىسىرلىق ئادەمنىڭ ئۆيىگە يەرلىشىپ قىرانىغا يەتكەندىن كېيىنكى ئەھۋالىغا كەلسەك، يۇسۇف ئۆزىنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەمنىڭ ئايالى ئورۇنلاشتۇرغان ئۆيدە قىرانىغا يەتكەنگە قەدەر ئوبدان بېقىلدى، لېكىن قىرانىغا يەتكەن چاغدا ئۇ ئايالنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال ياپتا گەپلىرى ۋە قىلىقسىز ھەرىكەتلىرى بىلەن يۇسۇفنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەتتا ئۇ ئايال بىر كۈنى يۇسۇفتىن ئۆزى بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ئەمەلىيەتتە تەلەپ قىلدى، ئىشىكلەرنى مەزمۇت تاقىۋېتىپ يۇسۇفنى، «بېرى كەلگىن، مەن ساڭا تەييار» دەپ، ئۇنى ئۆزى بىلەن بىر يەردە بولۇشقا چاقىردى. يۇسۇف ئايالنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلىپ: «ئاللاھ ساقلىسۇن، مېنىڭ خوجايىنىم ماڭا شۇنچە ياخشىلىق قىلغان تۇرسا، مېنىڭ ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بۇ قەبىھ ئىشنى قىلىشىم ماڭا ياراشمايدۇ، تۇزكورلار ئەسلا نىجات تاپالمايدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (12-سۈرە يۈسۈف، 24-ئايەت) ئىپپەت ئىلاھىي سىناق يۈسۈپ
    وَلَقَدْ هَمَّتْ بِهِ ۖ وَهَمَّ بِهَا لَوْلَا أَنْ رَأَىٰ بُرْهَانَ رَبِّهِ ۚ كَذَٰلِكَ لِنَصْرِفَ عَنْهُ السُّوءَ وَالْفَحْشَاءَ ۚ إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُخْلَصِينَ
    ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفكە (يېقىنچىلىق قىلىشقا) بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بولاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    زۈلەيخا يۈسۈفكە يېقىنچىلىق قىلىشقا بەل باغلىدى، رەببىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا بەل باغلىغان ئىدى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق، شۈبھىسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ ئايال يۇسۇفكە يامانلىق قىلىشنى قەستلىدى، رەببىنىڭ ئوچۇق دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا يۇسۇفمۇ ئۇنىڭغا يامانلىق قىلىشنى قەستلىگەن بولاتتى. بىز يۇسۇفتىن يامانلىقنى ۋە پاھىشىنى ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاشۇنداق دەلىل كۆرسەتتۇق. چۈنكى ئۇ تاللانغان بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئايال يۇسۇفنى، تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇرماقچى بولدى. يۇسۇف ئايالنى ئۆزىدىن دەپئى قىلىش ئۈچۈن ئۇرماقچى بولدى، لېكىن يۇسۇف رەببى كۆڭلىگە سالغان دەلىلنى كۆردى - دە، ئۇنى ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ ئىشىككە قاراپ قاچتى. بىز يۇسۇفتىن يامانلىقنى ۋە قەبىھ ئىشنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن ئۇنى پاكلىق ئۈستىدە ئەنە شۇنداق مۇستەھكەم تۇرغۇزدۇق، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (12-سۈرە يۈسۈف، 25-ئايەت) يۈسۈپ
    وَاسْتَبَقَا الْبَابَ وَقَدَّتْ قَمِيصَهُ مِنْ دُبُرٍ وَأَلْفَيَا سَيِّدَهَا لَدَى الْبَابِ ۚ قَالَتْ مَا جَزَاءُ مَنْ أَرَادَ بِأَهْلِكَ سُوءًا إِلَّا أَنْ يُسْجَنَ أَوْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى (يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا): «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى -يۈسۈف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن- ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. -بۇ چاغدا زۈلەيخا يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن تارتىپ يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ: «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى، ئايال يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىدىن يىرتىۋەتتى ۋە ئىككىسى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئايالنىڭ خوجىسىنى ئۇچراتتى. ئايال دەرھال: «سېنىڭ ئەھلىڭنى ئاياغ ئاستى قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ جازاسى نېمە؟ زىندانغا تاشلىنىش ياكى ئىسكەنجىگە ئېلىنىش ئەمەسمۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئىشىككە قاراپ قاچاتتى، ئايال يۇسۇفنى توسۇش ئۈچۈن ئارقىسىدىن قوغلايتتى. ئىككىسى بۇ شەكىلدە يۈگۈرۈشۈپ، ئايال يۇسۇفكە ئىشىكنىڭ يېنىدا يېتىشتى ۋە ئارقىسىدىن كۆڭلىكىنى تۇتۇپ تارتىپ يىرتىۋەتتى. ئىككىسى، ئايالنىڭ ئېرى ۋە يۇسۇفنىڭ خوجايىنى بولغان ئادەمنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئۇچراتتى. ئايال ئېرىنى يۇسۇفكە قارشى كۈشكۈرتۈپ: «ئايالىڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ جازاسى زىندانغا تاشلىنىش ياكى ئېغىر ئىسكەنجىگە ئېلىنىشتىن باشقا نېمىدۇر؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (12-سۈرە يۈسۈف، 26-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالَ هِيَ رَاوَدَتْنِي عَنْ نَفْسِي ۚ وَشَهِدَ شَاهِدٌ مِنْ أَهْلِهَا إِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ قُبُلٍ فَصَدَقَتْ وَهُوَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
    يۈسۈف: «ئۇ (يەنى زۈلەيخا) مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى» دېدى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرسى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف: «ئۇ مەندىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى» دېدى. زۈلەيخانىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ زۈلەيخانىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف: «ئۇ، كۆڭلۈمنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇندى» دېدى. ئايالنىڭ ئائىلىسىدىن بىر گۇۋاھچى مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: «ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا خانىم توغرا سۆزلىگەن بولىدۇ، يۇسۇف يالغانچىلاردىن بولغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (26-29) يۇسۇف ئۆزىنى ئاقلاپ: «ئەسلىدە بۇ خانىم مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشقا ئۇرۇندى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بىر - بىرىنى قارىلاپ ئېيتىشتى، ئايالنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان بىر گۇۋاھچى مۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەردى: «ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يېرتىلغان بولسا، خانىم راست ئېيتقان، يۇسۇف يالغان ئېيتقان بولىدۇ. ناۋادا يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىدىن يىرتىلغان بولسا، خانىم يالغان ئېيتقان، يۇسۇف راست ئېيتقان بولىدۇ». ئايالنىڭ ئېرى ۋە يۇسۇفنىڭ خوجايىنى بولغان ئۇ ئادەم يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىدىن يىرتىلغان ھالەتتە كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «خوتۇن! سېنىڭ يۇسۇفكە تۆھمەت قىلىشىڭ سەن خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىدىندۇر، سەن خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسى ھەقىقەتەن چوڭدۇر. يۇسۇف! بۇ ۋەقەنى ھېچكىمگە تىنمىغىن. خوتۇن! سەن گۇناھىڭ ئۈچۈن ئەپۇ سورىغىن، چۈنكى سەن پاھىشە قىلىشنى نىيەت قىلىش ۋە بىگۇناھ ئادەمگە تۆھمەت قىلىش بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىلەردىن بولدۇڭ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (12-سۈرە يۈسۈف، 27-ئايەت) يۈسۈپ
    وَإِنْ كَانَ قَمِيصُهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ فَكَذَبَتْ وَهُوَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇ(يەنى زۈلەيخانىڭ) سۆزى يالغان، يۈسۈفنىڭ سۆزى راست» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، زۈلەيخانىڭ سۆزى يالغان يۈسۈفنىڭ سۆزى راست» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىدىن يىرتىلغان بولسا خانىم يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ، يۇسۇف راستچىللاردىن بولغان بولىدۇ». — ئەنەس ئالىم

    .
  28. (12-سۈرە يۈسۈف، 28-ئايەت) يۈسۈپ
    فَلَمَّا رَأَىٰ قَمِيصَهُ قُدَّ مِنْ دُبُرٍ قَالَ إِنَّهُ مِنْ كَيْدِكُنَّ ۖ إِنَّ كَيْدَكُنَّ عَظِيمٌ
    ئۇ (يەنى زۈلەيخانىڭ ئېرى) يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئەي ئاياللار جامائەسى!بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    زۈلەيخانىڭ ئېرى يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىسىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئەي ئاياللار جامائەسى!بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ ھىيلەڭلاردۇر، سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايالنىڭ ئېرى يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئارقىدىن يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاياللار! شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرنىڭ ھىيلەڭلەردىندۇر. سىلەرنىڭ ھىيلەڭلار ھەقىقەتەن چوڭدۇر. — ئەنەس ئالىم

  29. (12-سۈرە يۈسۈف، 29-ئايەت) تۆۋە-ئىستىغپار يۈسۈپ
    يُوسُفُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۚ وَاسْتَغْفِرِي لِذَنْبِكِ ۖ إِنَّكِ كُنْتِ مِنَ الْخَاطِئِينَ
    (يەنە ئېيتتى) «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. (ئايالىم) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ» — مۇھەممەد سالىھ

    -يەنە ئېيتتى-: «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. -ئى ئايالىم- سەنمۇ ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشقانلاردىن بولدۇڭ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف! سەن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغىن. خوتۇن! سەن گۇناھىڭغا ئەپۇ تىلىگىن، چۈنكى سەن خاتالاشقۇچىلاردىن بولدۇڭ». — ئەنەس ئالىم

  30. (12-سۈرە يۈسۈف، 30-ئايەت) يۈسۈپ
    وَقَالَ نِسْوَةٌ فِي الْمَدِينَةِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ تُرَاوِدُ فَتَاهَا عَنْ نَفْسِهِ ۖ قَدْ شَغَفَهَا حُبًّا ۖ إِنَّا لَنَرَاهَا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    شەھەردىكى بەزى ئاياللار: «ئەزىز (يەنى مىسىرنىڭ ۋەزىرى) نىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىز ئۇنى، ئەلۋەتتە ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    شەھەردىكى بەزى ئاياللار: «ئەزىزنىڭ خوتۇنى قۇلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ، بىز ئۇنى، ئەلۋەتتە، ئاشكارا ئازغان دەپ قارايمىز» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەھەردىكى بىر قىسىم خوتۇنلار: «ئەزىز[2]نىڭ ئايالى ياش خىزمەتكارىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنۇپتۇ! ئۇ ئايال ئۇنىڭغا كۆيۈپ قاپتۇ! بىزچە ئۇ خوتۇن ھەقىقەتەن ئېزىپتۇ!» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف بىلەن خوجايىنىنىڭ ئايالى ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلار ھەققىدىكى خەۋەر شەھەردىكى بىرقانچە ئايالنىڭ (مىنىستىرلار ۋە باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ) قۇلاقلىرىغا يېتىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاياللار: «ئەزىز (باش مىنىستىر)نىڭ ئايالى ياش خىزمەتكارىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە تارتىشقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشقا ئۇرۇنۇپتۇ! ئۇ خىزمەتكارنىڭ ئىشقى ئۇنى شەيدا قىلىپتۇ! بىزچە ئۇ خوتۇن ھەقىقەتەن ئېزىپتۇ! راستتىنلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ، چۈنكى ئۇنداق ئېسىلزادە ۋە ساھىبجامال بىر ئايالنىڭ ناتونۇش بىر قۇلغا ئاشىق بولۇشى نېمىدېگەن سەت ئىش!» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (12-سۈرە يۈسۈف، 31-ئايەت) يۈسۈپ
    فَلَمَّا سَمِعَتْ بِمَكْرِهِنَّ أَرْسَلَتْ إِلَيْهِنَّ وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَأً وَآتَتْ كُلَّ وَاحِدَةٍ مِنْهُنَّ سِكِّينًا وَقَالَتِ اخْرُجْ عَلَيْهِنَّ ۖ فَلَمَّا رَأَيْنَهُ أَكْبَرْنَهُ وَقَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ وَقُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنْ هَٰذَا إِلَّا مَلَكٌ كَرِيمٌ
    ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە، ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۈسۈفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن، دېدى، ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ -تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    زۈلەيخا ئۇلارنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا -مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ- ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا - يۆلىنىدىغان- تەكىيە ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. -زۈلەيخا يۈسۈفكە: «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن» دېدى، ئۇلار يۈسۈفنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى ۋە: «-بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان- ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەزىزنىڭ ئايالى، ئۇ خوتۇنلارنىڭ بۇ سۆز - چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى سارىيىغا چاقىرتتى. ئۇلار ئۈچۈن يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان يەرلەرنى تەييارلاتقۇزدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بىردىن پىچاق بەرگۈزدى[3]. ئۇ ئەسنادا[4] يۇسۇفكە: «شۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىن!» دېدى. خوتۇنلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېلىشتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ تۇيماستىن ئۆز قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى ۋە: «ئاللاھ پاكتۇر. بۇ ئادەمزات ئەمەس. بۇ پەقەت ھۆرمەتلىك پەرىشتە!» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم

    ئەزىزنىڭ ئايالى، ئۇ خوتۇنلارنىڭ يۇسۇف بىلەن ئۆزىنىڭ ھەققىدە ئېيتقان سۆز - چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى سارىيىغا زىياپەتكە چاقىردى. ئۇلار ئۈچۈن يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان يەرلەر (كۆرپە - ياستۇقلار)نى تەييارلاتقۇزدى، داستىخاندا ھەر بىرىنىڭ ئالدىدا بىردىن پىچاق قويدۇردى، چاقىرىلغان ئاياللار يىغىلىپ جايلىرىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن داستىخانغا بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار پىچاقلار بىلەن مېۋە سويۇۋاتقان ئەسنادا ئايال يۇسۇفكە: «شۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىن!» دېدى. يۇسۇف چىقتى، خوتۇنلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېلىشتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ تۇيماستىن ئۆز قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى ۋە: «ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بۇ ئادەمزات ئەمەس. بۇ پەقەت ھۆرمەتلىك پەرىشتە!» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (12-سۈرە يۈسۈف، 32-ئايەت) ئىپپەت يۈسۈپ
    قَالَتْ فَذَٰلِكُنَّ الَّذِي لُمْتُنَّنِي فِيهِ ۖ وَلَقَدْ رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ فَاسْتَعْصَمَ ۖ وَلَئِنْ لَمْ يَفْعَلْ مَا آمُرُهُ لَيُسْجَنَنَّ وَلَيَكُونًا مِنَ الصَّاغِرِينَ
    (يەنى زۈلەيخا): «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    زۈلەيخا: «مانا بۇ سىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئادەم، مەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۆزىنى چىڭ ساقلىدى. ئەگەر ئۇ يەنىلا بۇيرۇقۇمنى قىلمىسا، چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ، چوقۇم خار ئادەم بولۇپ قالىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەزىزنىڭ ئايالى: «مانا بۇ ئۇ يىگىتتۇر، سىلەر مېنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىدىڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن بۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تارتىشقا ئۇرۇندۇم، لېكىن بۇ ئۆزىنى ساقلىدى. ئەگەر بۇ مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىجرا قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ ۋە چوقۇم خار ئادەملەردىن بولىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئەزىزنىڭ ئايالى ئۇ خوتۇنلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كىيىن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «كۆزۈڭلارنى قاماشتۇرۇۋەتكەن، قەلبىڭلەرنى لەرزىگە سېلىۋەتكەن ۋە ئەقلىڭلارنى لال قىلىۋەتكەن بۇ يىگىت، سىلەر مېنى ئاشىق بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەيىبلىگەن ئۇ خىزمەتكاردۇر. مەن ھازىرغىچە بۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تارتىشقا ئۇرۇندۇم ۋە بۇنىڭدىن مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى تەلەپ قىلدىم، لېكىن بۇ ئۈندەشلىرىمگە پىسەنت قىلمىدى، تەلىپىمنى قەتئىي رەت قىلدى ۋە مەندىن ئۆزىنى ساقلىدى. ئەگەر بۇ مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىجرا قىلمىسا چوقۇم زىندانغا تاشلىنىدۇ ۋە چوقۇم خار ئادەملەردىن بولىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  33. (12-سۈرە يۈسۈف، 33-ئايەت) ئىپپەت دۇئا يۈسۈپ
    قَالَ رَبِّ السِّجْنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدْعُونَنِي إِلَيْهِ ۖ وَإِلَّا تَصْرِفْ عَنِّي كَيْدَهُنَّ أَصْبُ إِلَيْهِنَّ وَأَكُنْ مِنَ الْجَاهِلِينَ
    يۈسۈف: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ ، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، ئۇلارغا مايىل بولۇپ نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف: «رەببىم! ماڭا زىندان بۇلار مېنى دەۋەت قىلغان نەرسىدىن سۆيۈملۈكتۇر. ئەگەر بۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، بۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن ۋە جاھىللاردىن[5] بولۇپ قالىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف ئۇ خوتۇنلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئەزىزنىڭ ئايالىنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە تەھدىت سېلىشىنى ئاڭلاپ: «رەببىم! ماڭا زىندان بۇلار مېنى دەۋەت قىلغان گۇناھتىن سۆيۈملۈكتۇر. ئەگەر بۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، بۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن ۋە ئەخمەقلىق قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
    پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ -ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى- ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئۇنىڭدىن دەپئى قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ يۇسۇفنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ يۇسۇفنى پاكلىق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلدى - دە، ئۇ خوتۇنلار يۇسۇفتىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ نىيەت ۋە ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (12-سۈرە يۈسۈف، 35-ئايەت) يۈسۈپ
    ثُمَّ بَدَا لَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا رَأَوُا الْآيَاتِ لَيَسْجُنُنَّهُ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئاندىن ئۇلار (يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر) پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلار -يۈسۈفنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە دائىر- پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىرمەھەل قاماپ قويۇشنى لايىق تاپتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى بىر مۇددەت قاماپ قويۇش ئويىغا كېلىشتى[6]. — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن ئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى يۇسۇفنىڭ گۇناھسىزلىقىغا دائىر دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىر مۇددەت قاماپ قويۇش ئويىغا كېلىشتى، چۈنكى ئەزىز ئايالىنى خاتالىقتىن ۋە باشقىلارنىڭ سۆز - چۆچەكلىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن يۇسۇفنى بىر مۇددەت كۆزدىن يىراقلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  36. (12-سۈرە يۈسۈف، 36-ئايەت) يۈسۈپ بىشارەتلىك چۈشلەر
    وَدَخَلَ مَعَهُ السِّجْنَ فَتَيَانِ ۖ قَالَ أَحَدُهُمَا إِنِّي أَرَانِي أَعْصِرُ خَمْرًا ۖ وَقَالَ الْآخَرُ إِنِّي أَرَانِي أَحْمِلُ فَوْقَ رَأْسِي خُبْزًا تَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْهُ ۖ نَبِّئْنَا بِتَأْوِيلِهِ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
    زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن (ئۈزۈمدىن) ھاراق سىقىۋاتقان كۆرۈپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن (يەنى چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلاردىن) دەپ قارايمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    زىندانغا يۈسۈف بىلەن ئىككى يىگىت بىللە كىرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى: «ھەقىقەتەن مەن چۈشۈمدە -ئۈزۈمدىن- ھاراق سىقىۋېتىپ چۈشەپ قېلىپتىمەن» دېدى. ئىككىنچىسى: «مەن چۈشۈمدە ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بېشىمدا نان كۆتۈرۈپ تۇرغان، ناننى قۇشلار يەۋاتقان كۆرۈپتىمەن، تەبىرىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    زىندانغا يۇسۇف بىلەن بىرلىكتە ئىككى يىگىتمۇ كىرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى: «مەن ھاراق سىقىۋېتىپ چۈش كۆرۈۋاتىمەن» دېدى. يەنە بىرى: «مەن مۇنداق بىر چۈشنى كۆرۈۋاتىمەن: بېشىمنىڭ ئۈستىدە نان كۆتۈرۈۋاتقۇدەكمەن، قۇشلار ئۇ ناندىن يەۋاتقۇدەكمىش» دېدى. ئاندىن ئىككىسى: «ئى يۇسۇف! بىزگە بۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بەرگىن. كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىنسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف، ئۆزىنىڭ ھەققىدە زىندانغا قاماش قارارى ئېلىنغاندىن كېيىن زىندانغا كىردى. ئۇ ئەسنادا پادىشاھنىڭ ئىككى ياش خىزمەتچىسىمۇ جىنايەتچى سۈپىتىدە زىندانغا كىردى. زىنداندا بىر كۈنى بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى يۇسۇفكە: «مەن ھاراق سىقىۋېتىپ چۈشەپتىمەن» دېدى، يەنە بىرى: «مەن بېشمدا بىر تەۋەڭدە نان كۆتۈرۈۋېتىپ، قۇشلار ئۇ ناننى يەۋېتىپ چۈشەپتىمەن» دېدى، ئاندىن ئۇ ئىككىسى: «يۇسۇف! ئىككىمىزنىڭ بۇ چۈشلىرىمىزگە تەبىر بەرگىن. كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىنسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. (12-سۈرە يۈسۈف، 37-ئايەت) تەۋھىد يۈسۈپ
    قَالَ لَا يَأْتِيكُمَا طَعَامٌ تُرْزَقَانِهِ إِلَّا نَبَّأْتُكُمَا بِتَأْوِيلِهِ قَبْلَ أَنْ يَأْتِيَكُمَا ۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّي ۚ إِنِّي تَرَكْتُ مِلَّةَ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
    يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن، بۇ رەببىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف مۇنداق دېدى: «ئىككىكلارغا بېرىلىدىغان تاماق يېنىڭلارغا كېلىشتىن ئىلگىرى، مەن ئۇنىڭ تەبىرىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ئىلىملەردىندۇر. چۈنكى مەن ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تەرك ئەتتىم، — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ باشتا ئۇلارغا تاتلىق تىل ۋە ئىلمىي ئۇسلۇب بىلەن ھەقنى چۈشەندۈردى، ئاندىن ئۇلارنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خاتىرجەم بولۇڭلار، چۈشلىرىڭلارنىڭ تەبىرىنى بېرىمەن، چۈنكى مەن ھازىرغىچە ئىككىڭلارغا بېرىلىدىغان تاماق سىلەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ قانداق تاماق ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ كەلدىم. بۇ كاھىنلىق ياكى مۇنەججىملىك ئەمەس، ئەكسىچە رەببىم ماڭا ئۆگەتكەن ئىلىملەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلدىم، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىدىن نېرى تۇردۇم». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (12-سۈرە يۈسۈف، 38-ئايەت) تەۋھىد ئىبراھىم يۈسۈپ
    وَاتَّبَعْتُ مِلَّةَ آبَائِي إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ مَا كَانَ لَنَا أَنْ نُشْرِكَ بِاللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ عَلَيْنَا وَعَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
    مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مەن ئەجدادلىرىم ـ ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇبلارنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم، ھېچقانداق نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىزگە لايىق ئەمەس، بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتىلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم. ئاللاھقا بىرەر نەرسە شېرىك قىلىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. بۇ ئېتىقاد ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا قىلغان ئىلتىپاتىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئاتىلىرىم ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ دىنىغا ئەگەشتىم. بىزنىڭ ئاللاھقا بىرەر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈشىمىز ھەرگىزمۇ توغرا بولمايدۇ. مانا بۇ تەۋھىد ئېتىقادى ئاللاھنىڭ بىزگە ۋە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ ئىلتىپاتنى قوبۇل قىلماي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (12-سۈرە يۈسۈف، 39-ئايەت) تەۋھىد يۈسۈپ
    يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَأَرْبَابٌ مُتَفَرِّقُونَ خَيْرٌ أَمِ اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
    تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق، كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    تۈرمىداش ئاغىنىلەر! تارقاق كۆپ مەبۇدلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىككى زىنداندىشىم! پەرقلىق بىرقانچە رەب ياخشىمۇ، ياكى چەكسىز قۇدرەتلىك، يالغۇز بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىككى زىنداندىشىم! قېنى، ئېيتىپ بېقىڭلار! بىر كىشىنىڭ چوقۇنۇشى ئۈچۈن ئىنسان، بۇت، يولتۇز،... دېگەندەك پەرقلىق بىرقانچە رەب ياخشىمۇ؟ ياكى ھېچقاچان يېڭىلمەيدىغان ئۇلۇغ قۇدرەتلىك بىر ئاللاھ ياخشىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. (12-سۈرە يۈسۈف، 40-ئايەت) شېرىك تەۋھىد يۈسۈپ
    مَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا أَسْمَاءً سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۚ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىينىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا) ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى(بۇنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان ناملاردىنلا ئىبارەتتۇر، ئاللاھ -ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشى توغرىسىدا- ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ، ئۇ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان، بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى - بۇنى- بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۇنى قويۇپ پەقەت ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى. مانا بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئىككىڭلار ۋە بۇ مەملىكەتتىكى دىنداشلىرىڭلار ئۇ قۇدرەتلىك ئاللاھنى قويۇپ ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان خىيالىي ئىسىملارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر، ئۇلارغا چوقۇنۇش توغرىسىدا ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل نازىل قىلمىغان. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئاللاھقىلا ئائىتتۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا چوقۇنۇشقا بۇيرۇدى، ئۆزىدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشتىن توستى. ئەنە شۇ بىر ئاللاھقا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت دىن، ساغلام ۋە توغرا دىندۇر، چۈنكى ئەقىل، فىترەت ۋە باشقا دەلىللەر بۇ دىنغا باشلايدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدۇ، فىترىتىگە بويسۇنمايدۇ ۋە دەلىللەرنى ئاساس قىلمايدۇ، ئەكسىچە جاھالەت ۋە تەقلىد بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇ توغرا دىننى بىلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يول تاپالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (12-سۈرە يۈسۈف، 41-ئايەت) يۈسۈپ بىشارەتلىك چۈشلەر
    يَا صَاحِبَيِ السِّجْنِ أَمَّا أَحَدُكُمَا فَيَسْقِي رَبَّهُ خَمْرًا ۖ وَأَمَّا الْآخَرُ فَيُصْلَبُ فَتَأْكُلُ الطَّيْرُ مِنْ رَأْسِهِ ۚ قُضِيَ الْأَمْرُ الَّذِي فِيهِ تَسْتَفْتِيَانِ
    تۈرمىداش ئاغىنىلەر! سىلەرنىڭ بىرىڭلار (زىنداندىن چىقىپ) خوجايىنغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ (يەنى ساقىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ)، يەنە بىرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى» — مۇھەممەد سالىھ

    تۈرمىداش ئاغىنىلەر! سىلەرنىڭ بېرىڭلار -زىنداندىن چىقىپ- خوجايىنىغا ھاراق قۇيۇپ بېرىدۇ، يەنە بېرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، كاللىسىنى قۇشلار يەيدۇ، سىلەر سورىغان ئىشلار ھۆكۈم قىلىنىپ بولدى» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىككى زىنداندىشىم! چۈشلىرىڭلارغا كەلسەك، ئىككىڭلاردىن بىرى خوجايىنىغا ھاراق سۇنىدۇ. يەنە بىرى دارغا ئېسىلىدۇ، قۇشلار ئۇنىڭ بېشىدىن يەيدۇ. سىلەر تەبىرىنى سورىغان چۈشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش چوقۇم بۇ شەكىلدە ئەمەلگە ئاشىدۇ». — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىككى زىنداندىشىم! ئەمدى چۈشلىرىڭلارنىڭ تەبىرىگە قۇلاق سېلىڭلار: ھاراق (ھاراق ياساش ئۈچۈن ئۈزۈم) سىقىپ چۈشىگىنىڭلار زىنداندىن چىقىدۇ ۋە پادىشاھقا ساقىيلىق قىلىدۇ. يەنە بىرىڭلار دارغا ئېسىلىدۇ، قۇشلار ئۇنىڭ بېشىدىن يەيدۇ. سىلەر تەبىرىنى سورىغان چۈشلەر مانا مۇشۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. (12-سۈرە يۈسۈف، 42-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى يۈسۈپ
    وَقَالَ لِلَّذِي ظَنَّ أَنَّهُ نَاجٍ مِنْهُمَا اذْكُرْنِي عِنْدَ رَبِّكَ فَأَنْسَاهُ الشَّيْطَانُ ذِكْرَ رَبِّهِ فَلَبِثَ فِي السِّجْنِ بِضْعَ سِنِينَ
    يۈسۈف ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئىشەنگەن بىرسىگە (يەنى ساقىيغا): «مېنى خوجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دېگەن ئىدى. خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۇنتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ئىشەنگەن تۈرمىدېشىغا: «مېنى خۇجايىنىڭنىڭ ئالدىدا ئەسلەپ قويغىن» دېدى. بىراق شەيتان ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئالدىدا يۈسۈفنى ئەسلەپ قويۇشنى ئۇنتۇلدۇردى، -شۇنداق قىلىپ- يۈسۈف زىنداندا بىر نەچچە يىل يېتىپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف ئۇ ئىككىسىدىن، قۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلگەن ئاغىنىسىگە: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىدا مەن توغرۇلۇق گەپ قىلىپ قويغىن» دېدى. لېكىن شەيتان ئۇ كىشىگە يۇسۇف توغرۇلۇق خوجايىنىغا گەپ قىلىشنى ئۇنتۇلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف زىنداندا بىرقانچە يىل يېتىپ قالدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف ئۇ ئىككىسىنىڭ زىنداندىن چىقىپ پادىشاھقا ساقىيلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلگىنىگە: «خوجايىنىڭ (پادىشاھىڭ)نىڭ يېنىدا مېنىڭ قانداق ئادەملىكىمنى ۋە مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ئەھۋاللارنى زىكىر قىلغىن، ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلىقىمنى بىلىپ قالسا ماڭا پايدىسى بولار» دېدى. شەيتان ئۇ ئادەمگە پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا يۇسۇفنى زىكىر قىلىشنى ئۇنتۇلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف زىنداندا بىرقانچە يىل يېتىپ قالدى. ئاللاھ تائالا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنداندىن چىقىشىنى ئىرادە قىلغان ئىدى، مىسىرنىڭ شۇ دەۋردىكى پادىشاھىغا بىر چۈش كۆرسەتتى. پادىشاھنىڭ چۈشىگە ئۆز تەۋەلىكىدىكى روھانىيلار ۋە دانىشمەنلەرنىڭ ھېچبىرى تەبىر بېرەلمىدى، ئۇ ئەسنادا پادىشاھنىڭ ساقىيسى ۋە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ كونا زىنداندىشى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى ئەسلىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى پادىشاھقا ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنداندىن چىقىش باسقۇچى باشلانغان بولدى. ئاللاھ تائالا 43 ~ 49 - ئايەتلەردە پادىشاھنىڭ، كۆرگەن چۈشىنى ئەتراپىدىكىلەرگە ئېيتىشىدىن، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ چۈشكە تەبىر بېرىشىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىشلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. (12-سۈرە يۈسۈف، 43-ئايەت) بىشارەتلىك چۈشلەر
    وَقَالَ الْمَلِكُ إِنِّي أَرَىٰ سَبْعَ بَقَرَاتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعَ سُنْبُلَاتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَاتٍ ۖ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَفْتُونِي فِي رُؤْيَايَ إِنْ كُنْتُمْ لِلرُّؤْيَا تَعْبُرُونَ
    پادىشاھ ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى ئەربابلار! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە - بىر كۈنى- پادىشاھ ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپكەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى كۆرۈپتىمەن، ئى ئەربابلار! سىلەر ئەگەر چۈش تەبىرىنى بىلسەڭلار، بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ بېقىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىر كۈنى پادىشاھ مۇنداق دېدى: «مەن چۈشۈمدە يەتتە دانە سېمىز كالا كۆرۈۋاتىمەن. ئۇلارنى يەتتە دانە ئورۇق كالا يەۋاتقۇدەك. يەتتە دانە يېشىل باشاق بىلەن باشقا قۇرۇق باشاقلارنىمۇ كۆرۈپتىمەن. ئى جانابلار! ئەگەر چۈشكە تەبىر بېرىدىغان بولساڭلار، ماڭا بۇ چۈشۈمنىڭ تەبىرىنى بايان قىلىپ بېرىڭلار». — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف زىنداندا يېتىۋاتقىنىغا بىرقانچە يىل بولغاندا، بىر كۈنى مىسىرنىڭ ئۇ دەۋردىكى پادىشاھى ئوردىسىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى، چاقىرىپ كەلتۈرۈلگەن روھانىيلار ۋە دانىشمەنلەر يىغىلغان مەخسۇس سورۇندا روھانىي ۋە دانىشمەنلەرگە: «مەن يەتتە دانە سېمىز كالىنى يەتتە دانە ئورۇق كالا يەۋېتىپ چۈشەپتىمەن، يەتتە دانە يېشىل باشاق ۋە باشقا قۇرۇق باشاقلارنىمۇ چۈشەپتىمەن. ئى جانابلار! ئەگەر چۈشكە تەبىر بېرىدىغان بولساڭلار بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  44. (12-سۈرە يۈسۈف، 44-ئايەت) بىشارەتلىك چۈشلەر
    قَالُوا أَضْغَاثُ أَحْلَامٍ ۖ وَمَا نَحْنُ بِتَأْوِيلِ الْأَحْلَامِ بِعَالِمِينَ
    ئۇلار ئېيتتى: «بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بىز (مۇنداق) قالايمىقان چۈشكە تەبىر بېرىشنى ئۇقمايمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتتى: «بۇ بىر قالايمىقان چۈش ئىكەن، بىز قالايمىقان چۈشكە تەبىر بېرىشنى ئۇقمايمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بۇ قالايمىقان چۈشلەردۇر. بىز بۇنداق چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئەمەسمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    پادىشاھ ھۇزۇرىغا يىغىپ كۆرگەن چۈشىنىڭ تەبىرىنى سورىغان روھانىي ۋە دانىشمەنلەر: «بۇ قالايمىقان چۈشلەردۇر. بىز ئۇنداق چۈشلەرنىڭ تەبىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئەمەس» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  45. (12-سۈرە يۈسۈف، 45-ئايەت) يۈسۈپ
    وَقَالَ الَّذِي نَجَا مِنْهُمَا وَادَّكَرَ بَعْدَ أُمَّةٍ أَنَا أُنَبِّئُكُمْ بِتَأْوِيلِهِ فَأَرْسِلُونِ
    ھېلىقى ئىككىسىدىن (تۈرمىدىن) قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن (يۈسۈفنى) ئەسلىگەن كىشى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى (يۈسۈفنىڭ يېنىغا) ئەۋەتىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ھېلىقى ئىككىسىدىن تۈرمىدىن قۇتۇلغان ۋە ئۇزاق مۇددەتتىن كېيىن يۈسۈفنى ئەسلىگەن كىشى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، مېنى -يۈسۈفنىڭ يېنىغا- ئەۋەتىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇفنىڭ ھېلىقى ئىككى ئاغىنىسىدىن، قۇتۇلغىنى ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن يۇسۇفنى ئەسلىدى ۋە: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن. مېنى دەرھال زىندانغا ئەۋەتىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    بۇ چاغدا يۇسۇفنىڭ ھېلىقى ئىككى زىنداندىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلۇپ پادىشاھنىڭ ساقىيلىقىنى قىلىۋاتقان ۋە يۇسۇفنى ئۇزۇن زامان ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئەسنادا ئەسلىگەن ئاغىنىسى: «مەن سىلەرگە بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىمەن. مېنى دەرھال زىندانغا ئەۋەتىڭلار، بىلىدىغان كىشىدىن سوراپ كېلەي» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. (12-سۈرە يۈسۈف، 46-ئايەت) يۈسۈپ بىشارەتلىك چۈشلەر
    يُوسُفُ أَيُّهَا الصِّدِّيقُ أَفْتِنَا فِي سَبْعِ بَقَرَاتٍ سِمَانٍ يَأْكُلُهُنَّ سَبْعٌ عِجَافٌ وَسَبْعِ سُنْبُلَاتٍ خُضْرٍ وَأُخَرَ يَابِسَاتٍ لَعَلِّي أَرْجِعُ إِلَى النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَعْلَمُونَ
    (ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۈرمىگە بېرىپ يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى ـ دە) «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى (كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى) بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، مەن ئۇنى كىشىلەرگە (يەنى پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئەربابلىرىغا) خەۋەر قىلسام، ئۇلار (سېنىڭ پەزلىڭنى،بىلىمىڭنى) بىلسۇن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇنى ئەۋەتىشتى، ئۇ تۈرمىگە بېرىپ يۈسۈفنىڭ يېنىغا كىردى ـ دە : «ئى راستچىل يۈسۈف! يەتتە ئورۇق كالىنىڭ يەتتە سېمىز كالىنى يەپ كەتكەنلىكىنى ۋە يەتتە يېشىل باشاق بىلەن يەتتە قۇرۇق باشاقنى -كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى- بىزگە ئېيتىپ بەرسەڭ، ئۈمىدىم شۇكى، مەن ئۇ ئادەملەرنىڭ يېنىغا -توغرا تەبىر بىلەن - قايتامەن، ئۇلارمۇ - سېنىڭ قەدرىڭنى-بىلىپ قالا» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كىشىنى زىندانغا ئەۋەتتى. بۇ كىشى زىندانغا بېرىپ: «يۇسۇف! ئى راستچىل كىشى! بىزگە يەتتە دانە ئورۇق كالا يەۋاتقان يەتتە دانە سېمىز كالىنى ۋە يەتتە دانە يېشىل باشاق بىلەن باشقا قۇرۇق باشاقلارنى كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى بايان قىلىپ بەرگىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، توغرا تەبىرىڭنى ئاڭلاپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ سېنىڭ قەدىرىڭنى بىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى ئۇ كىشىنى زىندانغا ئەۋەتتى. ئۇ كىشى زىندانغا يېتىپ كەلدى ۋە يۇسۇفكە مۇنداق دېدى: «يۇسۇف! ئى راستچىل كىشى! بىزگە يەتتە دانە ئورۇق كالا يەۋاتقان يەتتە دانە سېمىز كالىنى ۋە يەتتە دانە يېشىل باشاق بىلەن باشقا قۇرۇق باشاقلارنى كۆرۈپ چۈشىگەن چۈشنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بەرگىن. ئۈمىد قىلىمەنكى، توغرا تەبىرىڭنى ئاڭلاپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ سېنىڭ قەدىرىڭنى بىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. (12-سۈرە يۈسۈف، 47-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالَ تَزْرَعُونَ سَبْعَ سِنِينَ دَأَبًا فَمَا حَصَدْتُمْ فَذَرُوهُ فِي سُنْبُلِهِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تَأْكُلُونَ
    يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىڭلار، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى (مىتە چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) باشىقى بىلەن قويۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف ئېيتتى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىسىلەر، ئالغان ھوسۇلۇڭلاردىن يېيىش ئۈچۈن ئازغىنىسىنى خامان تەپكەندىن تاشقىرى، قالغىنىنى باشىقى بىلەن قويۇسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف مۇنداق دېدى: «يەتتە يىل ئۈزۈلدۈرمەي تېرىقچىلىق قىلىسىلەر. يىغقان ھوسۇلۇڭلارنى باشاق پېتى قويۇڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلار يەيدىغان ئازغىنىسىنى ئۇنداق قويمىساڭلارمۇ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى: ئۇلارغا مېنىڭ مۇنۇ تەبىرىمنى يەتكۈزگىن: «ئالدىمىزدىكى يەتتە يىل ھۆل - يېغىن كۆپ ياغىدۇ، يەر ھوسۇللۇق بولىدۇ. بۇ يەتتە يىلدا ئۈزۈلدۈرمەي ئادىتىڭلار بويىچە تېرىقچىلىق قىلىڭلار. يىغقان ھوسۇلۇڭلارنى باشاقلىرىدا قويۇپ ساقلاڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلار يەيدىغان ئازغىنە قىسمىنى ۋاقتىدا ئادالاپ ئىستېمال قىلىڭلار ۋە تېجەشلىك بولۇڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  48. (12-سۈرە يۈسۈف، 48-ئايەت) يۈسۈپ
    ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ سَبْعٌ شِدَادٌ يَأْكُلْنَ مَا قَدَّمْتُمْ لَهُنَّ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّا تُحْصِنُونَ
    شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، (بۇ يىللاردا) ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن (ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن) ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ، -بۇ يىللاردا- ئىلگىرى توپلىۋالغان ئاشلىقىڭلاردىن -ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن- ساقلاپ قويۇلىدىغان ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسىنى يەپ تۈگىتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ. بۇ يەتتە يىل ئىچىدە، ئىلگىرى ساقلىۋالغان ئاشلىقىڭلارنى يەپ تۈگىتىسىلەر. ئايرىپ قويىدىغان ئازغىنە ئۇرۇقلۇقۇڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن مەمۇرچىلىق بولغان ئۇ يەتتە يىلدىن كېيىن قەھەتچىلىك بولىدىغان يەتتە يىل كېلىدۇ. بۇ قەھەتچىلىك بولغان يەتتە يىل ئىچىدە، ئىلگىرى ساقلىۋالغان ئاشلىقىڭلارنى ئېھتىياجىڭلارغا تۇشلۇق ئادالاپ يەڭلار. بۇ يەتتە يىلدا ئىلگىرىكى يەتتە يىلدا ساقلىۋالغان ئاشلىق زاپىسىڭلارنىڭ ھەممىسى تۈگەپ پەقەت ئۇرۇقلۇق قىلغۇدەك مىقداردا ئاشلىقىڭلار قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (12-سۈرە يۈسۈف، 49-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى يۈسۈپ
    ثُمَّ يَأْتِي مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ عَامٌ فِيهِ يُغَاثُ النَّاسُ وَفِيهِ يَعْصِرُونَ
    شۇنىڭدىن كېيىن (مولچىلىق) يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭدىن كېيىن مولچىلىق يىللار كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ھۆل ـ يېغىن كۆپ بولىدۇ، كىشىلەر مېۋىلەردىن تۈرلۈك ئىچىملىكلەرنى سىقىپ چىقىرىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئىنسانلار يامغۇرغا ئېرىشىدىغان يىل كېلىدۇ. ئۇلار ئۇ يىلدا مېۋە سۇلىرى ۋە ياغلارنى سىقىدۇ، ھايۋانلارنى ساغىدۇ». — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن بۇ قەھەتچىلىك بولغان يەتتە يىلدىن كېيىن بەرىكەتلىك يىل كېلىدۇ. ئىنسانلار ئۇ يىلدا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ ھۆل - يېغىنغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەردىن مول ھوسۇل ئالىدۇ، مېۋىلەردىن شەربەت سىقىدۇ، مايلىق دانلاردىن ماي چىقىرىدۇ ۋە ھايۋانلىرىدىن سۈت ساغىدۇ». ئەسكەرتىش: يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى بىر يىل ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، پادىشاھنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنىڭ ئاللاھ بىلدۈرگەن ئىلىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، شۇنداقلا ئۇلارغا بۇتپەرەسلىكنى تەرك ئېتىپ تەۋھىدكە قايتىش بىلەن شۈكۈر قىلىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئارتۇقچە بەرگەن (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  50. (12-سۈرە يۈسۈف، 50-ئايەت) يۈسۈپ
    وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُ الرَّسُولُ قَالَ ارْجِعْ إِلَىٰ رَبِّكَ فَاسْأَلْهُ مَا بَالُ النِّسْوَةِ اللَّاتِي قَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ ۚ إِنَّ رَبِّي بِكَيْدِهِنَّ عَلِيمٌ
    (ساقىي پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن) پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. (پادىشاھنىڭ) ئەلچىسى يۈسۈفنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يۈسۈف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى (بىلەمدۇ؟) سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ساقىي پادىشاھقا بېرىپ يۈسۈفنىڭ ئۇنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن- پادىشاھ: «ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئەلچى يۈسۈفنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يۈسۈف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ھېلىقى قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ئىشىنى سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى مېنىڭ رەببىم ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار!» دېدى. پادىشاھنىڭ ئەلچىسى يۇسۇفنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، يۇسۇف ئەلچىگە: «خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن، قوللىرىنى كېسىۋالغان ھېلىقى خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. شۈبھىسىزكى، رەببىم ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ كونا زىنداندىشى ۋە پادىشاھنىڭ ساقىيسى بولغان، شۇنداقلا زىندانغا پادىشاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلگەن كىشى يۇسۇف، پادىشاھنىڭ چۈشىگە بەرگەن تەبىرنى ئاڭلاپ زىنداندىن قايتىدۇ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كېلىدۇ ۋە تەبىرنى پادىشاھقا يەتكۈزىدۇ. پادىشاھ تەبىرنى ئاڭلاپ سۆيۈنىدۇ، يۇسۇفنىڭ ھەقىقىي ئەھلى ئىلىم ئىكەنلىكىنى سېزىدۇ، ئۇنى ئوردىسىدا تۇرغۇزۇپ ئىلمىدىن پايدىلىنىشنى ئىرادە قىلىدۇ ۋە: «ئۇ كىشىنى زىنداندىن چىقىرىپ يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار» دەپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ساقىينىڭ باشچىلىقىدا مەخسۇس بىر ھەيئەت يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى چىقىرىش ئۈچۈن زىندانغا كېلىدۇ ۋە زىنداننىڭ باشلىقىغا پادىشاھنىڭ پەرمانىنى بىلدۈرۈپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندىن كېيىن يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، پادىشاھنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا زىنداندىن چىقىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. يۇسۇف دەرھال كۈدە - كۆرپىسىنى ئېلىپ زىنداندىن چىقمايدۇ، چۈنكى يۇسۇف ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى زىنداندىن چىقىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ بۇزۇق ئادەم ئەمەسلىكىنىڭ ۋە خوجايىنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىنىڭ بىلىنىشى ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ پادىشاھنىڭ ئەلچىسىگە، «سەن پادىشاھىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا ئېيتقىن: قوللىرىنى كېسىۋېلىشقان ھېلىقى خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىسۇن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى بىلىدۇ » دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (12-سۈرە يۈسۈف، 51-ئايەت) ئىپپەت راستچىللىق يۈسۈپ
    قَالَ مَا خَطْبُكُنَّ إِذْ رَاوَدْتُنَّ يُوسُفَ عَنْ نَفْسِهِ ۚ قُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا عَلِمْنَا عَلَيْهِ مِنْ سُوءٍ ۚ قَالَتِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ الْآنَ حَصْحَصَ الْحَقُّ أَنَا رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ
    پادىشاھ (ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ): «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر، يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    -پادىشاھ ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ-: «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟ دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر؛ يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    پادىشاھ ئۇ خوتۇنلارنى يىغىپ: «يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈڭلارغا تارتىشقا ئۇرۇنغان چېغىڭلاردا نېمە ئىش بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر. بىز ئۇنىڭدا ھېچ يامانلىق بىلمىدۇق» دېدى. ئەزىزنىڭ ئايالى بولسا: «ئەمدى ھەقىقەت ئايدىڭلاشتى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تارتىشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. شۈبھىسىزكى، ئۇ راستچىللاردىن ئىدى» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئەلچى زىنداندىن قايتىپ پادىشاھقا ئەھۋالنى ئېيتىدۇ. پادىشاھ مەزكۇر خوتۇنلارنى يىغىپ ئۇلاردىن، «يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈڭلارغا تارتىشقا ئۇرۇنغان چېغىڭلاردا نېمە ئىش بولغان؟» دەپ سورايدۇ، خوتۇنلار: «ئۇنداق ئېسىل ۋە پاك ئىنساننى ياراتقان ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بىز ئۇنىڭدا ھېچبىر يامانلىق بىلمىدۇق» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئەزىزنىڭ ئايالى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ: «ئەمدى ھەقىقەت ئايدىڭلاشتى. بىر يەردە بولۇشنى ئۇنىڭدىن مەن تەلەپ قىلغان ئىدىم. ئۇ بولسا تەلىپىمنى قەتئىي رەت قىلدى ۋە مەندىن قاچتى. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭغا، ‹مېنى دەپسەندە قىلماقچى بولدى› دەپ تۆھمەت قىلغان ئىدىم، ئۇ: ‹بۇ خانىم مەندىن بىر يەردە بولۇشنى تەلەپ قىلدى› دەپ راست ئېيتقان ئىدى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. (12-سۈرە يۈسۈف، 52-ئايەت) راستچىللىق يۈسۈپ
    ذَٰلِكَ لِيَعْلَمَ أَنِّي لَمْ أَخُنْهُ بِالْغَيْبِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي كَيْدَ الْخَائِنِينَ
    (يۈسۈف ئېيتتى) «بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىشى ئۈچۈندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    -يۈسۈف ئېيتتى-: «بۇ، ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف مۇنداق دېدى: «زىنداندىن ئالدىراپ چىقماسلىقىم ئەزىزنىڭ شۇنى بىلىشى ئۈچۈنكى: مەن ئۇنىڭغا يوق چېغىدا خىيانەت قىلمىدىم، ئاللاھ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (52-53) «بۇ، ئۇنىڭ يوق چېغىدا، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە ئاللاھنىڭ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. مەن ئۆز نەپسىمنى ئاقلىمايمەن. چۈنكى نەپسلەر يامانلىققا بۇيرۇپ تۇرغۇچىدۇر. رەببىم رەھىم قىلغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر». تەپسىرلەردە، بۇ ئىككى (52 - ۋە 53 -) ئايەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئىككى ئېھتىمال زىكىر قىلىنىدۇ: 1) بۇ، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بولۇپ مەنىسى مۇنداق: «ئى ئەلچى! مېنىڭ زىنداندىن چىقىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا دەرھال چىقماسلىقىم ۋە پادىشاھتىن قوللىرىنى كېسىۋالغان خوتۇنلارنى سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىم، ئەزىزگە خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە ئاللاھنىڭ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر. مەن نەپسىمنى ئاقلىمايمەن، شۈبھىسىزكى، نەپس يامانلىققا بۇيرۇپ تۇرغۇچىدۇر. رەببىمنىڭ رەھىم قىلغىنى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى. رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر». يۇسۇف ئەلەيھىسسالام: «مەن نەپسىمنى ئاقلىمايمەن» دېگەن سۆزنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ ئېيتقان. 2) بۇ، ئۇ ئايالنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ بۇ سۆزنى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا ۋە يىغىلغان باشقا ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئېيتقان. بۇ تەقدىردە ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «مېنىڭ يۇسۇف بىلەن ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ھازىر ئېتىراپ قىلىشىم، ئېرىمگە خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى، قىلمىشىمنىڭ پەقەت يۇسۇفكە ئاشىق بولغانلىقىمنى، يۇسۇفنىڭ مېنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئېرىمگە يەنە ئاللاھنىڭ خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەق قىلمايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈندۇر. مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن، چۈنكى يۇسۇفكە ئاشىق بولدۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى تەلەپ قىلدىم، ئۇنداق قىلماسلىقىم لازىم ئىدى. نەپس دېگەن يامانلىققا ئۈندەيدىغان نەرسىدۇر. لېكىن رەببىمنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلىرى ئۇنداق ئەمەس. رەببىمنىڭ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭدۇر». بىزنىڭچە بۇ ئىككى ئېھتىمالنىڭ ئىككىنچىسى يەنى بۇ باياننىڭ يۇسۇفكە ئاشىق بولغان ۋە تۆھمەت قىلغان، ئەمدى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى بولۇش ئېھتىمالى تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر، چۈنكى بۇ ئايەتلەرنىڭ ئۇ ئايالنىڭ ئىقرارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەردىن كېيىن كېلىشى ۋە داۋامىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ بايانلار ئۇ ئايالنىڭ سۆزى بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭ: «ئاللاھ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەق قىلمايدۇ، رەببىم رەھىم قىلغىنى مۇستەسنا، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىگە كەلسەك، ئۇ ئايالمۇ مەككە مۇشرىكلىرىغا ۋە باشقا مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ربۇبۇبىيىتىگە (ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىگە) ئىشىنەتتى، لېكىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيىتىگە (يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە) شېرىك كەلتۈرەتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ئايالنىڭ ئاللاھنى تىلىغا جارى قىلىشى، ئاللاھنىڭ مەغپىرەت ۋە رەھمىتىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى نورمال ئەھۋالدۇر. ئەزىزنىڭ ئايالى زىياپەتكە چىللىغان خوتۇنلارنىڭ يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ: «ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!» دېيىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى ئۇ خوتۇنلارمۇ بۇتپەرەس ئىدى، لېكىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. وَمَا أُبَرِّئُ نَفْسِي ۚ إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّي ۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٌ رَحِيمٌ
    «مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    «مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپىس ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، رەببىم رەھمەت قىلىپ - ساقلىغان- ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ رەببىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن ئۆز نەپسىمنى ئاقلىمايمەن. چۈنكى نەپسلەر يامانلىققا بۇيرۇپ تۇرغۇچىدۇر. رەببىم رەھىم قىلغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

  54. (12-سۈرە يۈسۈف، 54-ئايەت) ئىشەنچلىكلىك يۈسۈپ
    وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ أَسْتَخْلِصْهُ لِنَفْسِي ۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُ قَالَ إِنَّكَ الْيَوْمَ لَدَيْنَا مَكِينٌ أَمِينٌ
    پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    پادىشاھ: «ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار، خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. ئاندىن پادىشاھ يۇسۇف بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن بۈگۈن يېنىمىزدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ ئەلچى ئارقىلىق بىلدۈرگەن تەلىپىگە بىنائەن، پادىشاھ ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇفنى كۆرۈپ قوللىرىنى كېسىۋېلىشقان خوتۇنلارنى، بولۇپمۇ ئەزىزنىڭ ئايالىنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ، ئۇلارنى سوراق قىلىش ئارقىلىق يۇسۇفنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن يەنە مەخسۇس بىر ھەيئەتنى زىندانغا ئەۋەتىش ئۈچۈن تەييارلاپ، ئۇلارغا: «يۇسۇفنى ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى، كېيىن يۇسۇف زىنداندىن چىقىپ ھۇزۇرىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: «يۇسۇف! سەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن ھۇزۇرىمىزدا قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (12-سۈرە يۈسۈف، 55-ئايەت) ئىشەنچلىكلىك يۈسۈپ
    قَالَ اجْعَلْنِي عَلَىٰ خَزَائِنِ الْأَرْضِ ۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ
    يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف: «مېنى - مىسىر- زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، ھەقىقەتەن مەن ئوبدان ساقلىيالايمەن، -ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى- بىلىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف: «مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف: «مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىگە مەسئۇل قىلغىن، مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاءُ ۚ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
    بىز يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، خالىغان بەندىلىرىمىزنى رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز يۈسۈفنى -مىسىر- زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭدەك، بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى[7]. بىز رەھمىتىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمىز ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز. — ئەنەس ئالىم

    (56-57) (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «بىز يۇسۇفكە ئۇ يەردە (مىسىر دۆلىتىدە) ئەنە شۇنداق ھاكىمىيەت بەردۇق. ئۇ خالىغان يېرىگە بېرىپ ئىش باشقۇراتتى. بىز خالىغان بەندىمىزگە ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز. بىز بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلغان ۋە بىز توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلانغان كىشىلەرنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇكاپاتلايمىز. لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان ۋە بىزگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغانلارغا ئاخىرەتتە بېرىدىغان مۇكاپاتىمىز تېخىمۇ ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈ باقىيدۇر». ئەسكەرتىش: يۇسۇف ئەلەيھىسسالام پادىشاھتىن يېزا ئىگىلىك ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ئۇنى مىسىر دۆلىتىنىڭ ئەزىزى (باش مىنىستىرى) قىلغانلىقى بىلىنىدۇ. بۇنى، بۇ يەردىكى 56 - ئايەتنىڭ مەزمۇنى ۋە بۇ سۈرىنىڭ 78- ۋە 88- ئايەتلىرىدە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا قېرىنداشلىرىنىڭ «ئەزىز» دەپ خىتاب قىلغانلىقىنىڭ زىكىر قىلىنىشى كۆرسىتىدۇ. يۇسۇف ئەلەيھسسالام زىنداندىن چىقىپ مىسىرغا ئەزىز (باش مىنىستىر) بولغاندىن كېيىن ھۆل - يېغىن كۆپ ياغقان ۋە زېمىن مۇنبەت بولغان يىللاردا تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى ناھايىتى ياخشى باشقۇرىدۇ، دۆلەت مىقياسىدا مەخسۇس ئامبارلارنى سالدۇرۇپ قۇرغاقچىلىق بولىدىغان يىللار ئۈچۈن ئاشلىق زاپىسى غەملەيدۇ. مىسىردا قۇرغاقچىلىق يىللىرى باشلىغاندا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى ۋە تۇغقانلىرى ياشاۋاتقان كەنئان دىيارى (پەلەستىن ۋە ئەتراپىدىكى رايونلار)دىمۇ قەھەتچىلىك بولىدۇ. ئۇ ئەسنادا مىسىر دۆلىتىنىڭ كۆپ ئاشلىق زاپىسى يىغىپ ساقلىۋالغانلىقى ۋە قوشنا ئەللەردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىنى (يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا بىر قېرىنداشلىرىنى) ئاشلىق ئېلىپ كېلىشى (ئىمپورت قىلىشى) ئۈچۈن كەنئاندىن مىسىرغا ئەۋەتىدۇ. ئاللاھ 58 ~ 62 - ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ مىسىرغا كېلىپ يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئاشلىق سېتىۋېلىپ قايتىش جەريانىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
    ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە، (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە ئارتۇقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخىرەتتىكى ئەجىر، ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  58. (12-سۈرە يۈسۈف، 58-ئايەت) يۈسۈپ
    وَجَاءَ إِخْوَةُ يُوسُفَ فَدَخَلُوا عَلَيْهِ فَعَرَفَهُمْ وَهُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ
    يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۈسۈفنى تونۇمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىردى. يۈسۈف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار بولسا يۈسۈفنى تونۇمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى كېلىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. يۇسۇف ئۇلارنى تونۇدى، ئۇلار يۇسۇفنى تونۇمىدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى (10 كىشى) كەنئاندىن مىسىرغا كېلىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى، يۇسۇف ئۇلارنى تونۇدى، ئەمما ئۇلار يۇسۇفنى تونۇمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. (12-سۈرە يۈسۈف، 59-ئايەت) يۈسۈپ
    وَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ قَالَ ائْتُونِي بِأَخٍ لَكُمْ مِنْ أَبِيكُمْ ۚ أَلَا تَرَوْنَ أَنِّي أُوفِي الْكَيْلَ وَأَنَا خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ
    يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلارنى (يەنى بۇنيامىننى) ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ (ئاشلىقنى) تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف ئۇلارغا ئېھتىياجلىق ئاشلىقنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا ئاتا بىر ئۇكاڭلار-بۇنيامىن-نى ئېلىپ كېلىڭلار، مېنىڭ ئاشلىقنى تولۇق ئۆلچەپ بېرىۋاتقانلىقىمنى ۋە ناھايىتى مېھماندوست ئىكەنلىكىمنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف ئۇلارغا يول جابدۇقلىرىنى تەييارلاپ بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «كېلەر قېتىم يېنىمغا ئاتا بىر قېرىندىشىڭلارنىمۇ ئېلىپ كېلىڭلار. كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ مەن ئاشلىقنى تولۇق كەمچەنلەپ بېرىمەن، مەن مېھمان قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىمەن. — ئەنەس ئالىم

    (59-60) يۇسۇف ئۇلارنى ياخشى كۈتتى ۋە ھەر بىرىگە بىر تۈگە يۈكىدىن ئاشلىق سېتىپ بەردى. يۇسۇف ئۇلارنىڭ يول تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ يولغا سالىدىغان چاغدا ئۇلارغا: «كېلەركى قېتىم ئۇكاڭلارنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىڭلار. بۇ نۆۋەت سىلەرنى ياخشى كۈتتۈم، سىلەرگە ئالماقچى بولغىنىڭلاردىن ئارتۇق ئاشلىق بەردىم، بۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، شۇنداققۇ! مەن سىلەرگە بۇ ياخشى مۇئامىلىلەرنى قلغاندىكىن، سىلەرمۇ مېنىڭ تەلىپىمنى يەردە قويماي بۇ قېتىم ئۆيدە قالغان قېرىدىشىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار. ناۋادا كېلەركى قېتىم ئۇنى ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە ھەرگىزمۇ ئاشلىق ساتمايمەن، ھۇزۇرۇمغا كىرگۈزۈش تۈگۈل، يېقىنلاشتۇرمايمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. (12-سۈرە يۈسۈف، 60-ئايەت) يۈسۈپ
    فَإِنْ لَمْ تَأْتُونِي بِهِ فَلَا كَيْلَ لَكُمْ عِنْدِي وَلَا تَقْرَبُونِ
    ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرگە بېرىدىغان ئاشلىقىم يوق، مېنىڭ يېنىمغا يېقىن يولىماڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كەلمىسەڭلار، مەندىن بىر كەمچەنمۇ ئاشلىق ئالالمايسىلەر، يېنىمغا يېقىنلاشماڭلار!». — ئەنەس ئالىم

  61. (12-سۈرە يۈسۈف، 61-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا سَنُرَاوِدُ عَنْهُ أَبَاهُ وَإِنَّا لَفَاعِلُونَ
    ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ (سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە) تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «بىز ئۇنى ئاتىسىدىن سوراپ -سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كېلىشكە- تىرىشىمىز، بىز چوقۇم مۇشۇنداق قىلىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بىز ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاتىسىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىز بۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمىز» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار يۇسۇفنىڭ بۇ قەتئىي تەلىپىنى ئاڭلاپ: «ئۇنى ھۇزۇرلىرىغا ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا ئاتىسىنى ئۇنىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. بىز چوقۇم شۇنداق قىلىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  62. (12-سۈرە يۈسۈف، 62-ئايەت) يۈسۈپ
    وَقَالَ لِفِتْيَانِهِ اجْعَلُوا بِضَاعَتَهُمْ فِي رِحَالِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَعْرِفُونَهَا إِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
    يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ (بىزدىن ئاشلىق سېتىۋالغان) مال ـ مۈلۈكلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ -ئاشلىق سېتىۋالغان- مال ـ مۈلۈكلىرىنى يۈك ـ تاقىلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىپ بارغاندا، ئۇنى تونۇپ قايتىپ كېلىشى مۇمكىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف خىزمەتچىلىرىگە: «ئۇلارنىڭ ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىلىرىنى يۈكلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئائىلىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغان چېغىدا بۇنى تونۇپ يەنە كېلىشلىرى مۇمكىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار يولغا چىقىش ئالدىدا يۇسۇف ئۆزىنىڭ خادىملىرىغا: «ئۇلارنىڭ ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىلىرىنى يۈكلىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويۇڭلار، ئۇلار ئۆيلىرىگە بارغاندا ئۆز سەرمايىلىرىنى كۆرۈپ، يامان نىيىتىمىز يوقلۇقىنى بىلەر ۋە خاتىرجەم بولۇپ قېرىندىشىنى ئېلىپ كېلەر» دېدى. يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى، سېتىۋالغان ئاشلىقلىرىنى ئېلىپ كەنئانغا قايتقاندا ئاتىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدۇ ۋە مىسىردا بولۇپ - ئۆتكەن ئەھۋاللارنى، جۈملىدىن بۇ نۆۋەت كىچىك قېرىندىشىنىمۇ بىللە ئېلىپ بارمىسا ئاشلىق ئالالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام كىچىك ئوغلىنى ئۇلارنىڭ مىسىرغا بىللە ئېلىپ بېرىش تەلىپىگە دەسلەپتە قوشۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەرمايىلەرنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بولۇپمۇ ئۆيدىكى قىيىنچىلىقنى نەزەردە تۇتۇپ ماقۇل بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلاردىن بۇ بالىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا مۇستەھكەم ئەھدە ئالىدۇ، دىققەت قىلىشلىرى توغرىسىدا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ئۇلارنى ئىككىنچى قېتىم كىچىك ئوغلىنىمۇ (يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىمۇ بىر، ئانىمۇ بىر قېرىندىشىنىمۇ) قوشۇپ مىسىرغا يولغا سالىدۇ. ئاللاھ تائالا 63 ~ 67 - ئايەتلەردە مانا بۇ جەرياننى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  63. (12-سۈرە يۈسۈف، 63-ئايەت) يۈسۈپ
    فَلَمَّا رَجَعُوا إِلَىٰ أَبِيهِمْ قَالُوا يَا أَبَانَا مُنِعَ مِنَّا الْكَيْلُ فَأَرْسِلْ مَعَنَا أَخَانَا نَكْتَلْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
    ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! (مىسىرنىڭ خەزىنىدارى) بىزگە قايتا ئاشلىق بەرمەس بولدى، ئۇكىمىزنى (يەنى بۇنيامىننى) بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، (شۇنداق قىلساڭ) ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا: «ئى ئاتىمىز! بىزگە قايتا ئاشلىق بېرىلمەس بولدى، ئۇكىمىز-بۇنيامىن-نى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، شۇنداق قىلساڭ ئاشلىق ئالالايمىز، ئۇنى بىز چوقۇم ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە: «ئى ئاتىمىز! ئاشلىق ئېلىشىمىز مەنئى قىلىندى. بۇ نۆۋەت قېرىندىشىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتكىن، شۇنداق قىلساڭ ئاشلىق ئالالايمىز. بىز ئۇنى چوقۇم مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ ئاتا بىر قېرىنداشلىرى مىسىردىن قايتىپ كەنئانغا ئاتىسى يەئقۇبنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا، «ئى ئاتىمىز! بۇ نۆۋەت مىسىرغا ئۇكىمىزنىمۇ بىللە ئېلىپ بارمىساق بىزگە ئاشلىق بېرىلمەيدىغان بولدى، شۇڭلاشقا بۇ نۆۋەت ئۇنى بىزگە قوشۇپ مىسىرغا بىللە ئەۋەتكىن، ئاشلىق ئېلىپ كېلەيلى. خاتىرجەم بولغىن، بىز ئۇنى چوقۇم قوغدايمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  64. قَالَ هَلْ آمَنُكُمْ عَلَيْهِ إِلَّا كَمَا أَمِنْتُكُمْ عَلَىٰ أَخِيهِ مِنْ قَبْلُ ۖ فَاللَّهُ خَيْرٌ حَافِظًا ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
    (يەئقۇب) ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى يۈسۈف) توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ (مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئۇنى ساقلىشىڭلارغا ئىشەنمەيمەن) ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    -يەئقۇب- ئۇلارغا ئېيتتى: «ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىلگىرى سىلەرگە ئۇنىڭ قېرىندىشى-يۈسۈف- توغرىسىدا ئىشەنگەندەك ئىشىنەمدىم؟ ئاللاھ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر، ھەممىدىن مېھرىباندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتىسى ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بۇنىڭ توغرىسىدا قانداقمۇ ئىشىنىمەن؟ ئىلگىرى سىلەرگە بۇنىڭ قېرىندىشى توغرىسىدا ئىشەنگىنىمدەكمۇ؟ ئاللاھ ئەڭ ياخشى ساقلىغۇچىدۇر. ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىدۇر!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتمۈشنى ئەسلىدى ۋە ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى: «سىلەر مېنى ھازىر بۇ بالام توغرىسىدا، ئىلگىرى بۇنىڭ ئاكىسى يۇسۇف توغرىسىدا ئىشەنگىنمىدەك ئىشەنسۇن ۋە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويسۇن دېمەكچىمۇ؟ مەن ھازىر سىلەرگە ئىشىنىپ بۇ ئۇكاڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە مىسىرغا ئەۋەتسەم، ئىلگىرى سىلەرگە ئىشىنىپ ئۇنىڭ ئاكىسى يۇسۇفنى سىلەر بىلەن بىللە يايلاققا ئەۋەتكەندەكلا ئىش قىلغان بولمامدىمەن؟ ئەلۋەتتە شۇنداق ئىش قىلغان بولىمەن. شۇڭلاشقا مەن بۇنى سىلەرگە قوشۇپ مىسىرغا بىللە ئەۋەتكەن تەقدىردە، سىلەرنىڭ بۇنى قوغداش ھەققىدىكى ئەھدەڭلارغا ئەمەس، پەقەت ئاللاھنىڭ قوغدىشىغىلا ئىشىنىمەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى قوغدىغۇچى ۋە ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. (12-سۈرە يۈسۈف، 65-ئايەت) يۈسۈپ
    وَلَمَّا فَتَحُوا مَتَاعَهُمْ وَجَدُوا بِضَاعَتَهُمْ رُدَّتْ إِلَيْهِمْ ۖ قَالُوا يَا أَبَانَا مَا نَبْغِي ۖ هَٰذِهِ بِضَاعَتُنَا رُدَّتْ إِلَيْنَا ۖ وَنَمِيرُ أَهْلَنَا وَنَحْفَظُ أَخَانَا وَنَزْدَادُ كَيْلَ بَعِيرٍ ۖ ذَٰلِكَ كَيْلٌ يَسِيرٌ
    ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا (ئاشلىق سېتىۋالغان) مال مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئاتىمىز! بىز (بۇنىڭدىن ئارتۇق) يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ مال ـ مۈلۈكلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، (ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق) ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز، بىر تۆگە ئاشلىقىنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ (يەنى بىر تۆگە ئاشلىق پادىشاھ ئۈچۈن) ئازغىنا ئاشلىقتۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقاندا -ئاشلىق سېتىۋالغان- مال - مۈلۈكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى، ئۇلار: «ئاتىمىز! بىز يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ بۇ مال ـ مۈلۈكلىرىمىز بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ، -ئۇكىمىزنى ئېلىپ يەنە بارساق- ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، ئۇكىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز ۋە بىر تۆگە ئاشلىقنى ئارتۇق ئالىمىز، بۇ ئازغىنا ئاشلىقتۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يۈكلىرىنى ئاچقان ئىدى، ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى ۋە دېدىلەركى: «ئى ئاتىمىز! يەنە نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ مانا بۇ ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىمىز، بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ! ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىپ كېلىمىز، قېرىندىشىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىمىز ۋە بىر تۆگە ئاشلىق ئارتۇق ئالىمىز. چۈنكى بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگىنىمىز ئازغىنە ئاشلىقتۇر». — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب ئۇلارنىڭ تەلىپىنى باشتا قەتئىي رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتىنى چۈشىنىپ رۇخسەت بېرىدىغانلىقىغا ئىما قىلدى. يەئقۇبنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئارىسىدا بولۇپ - ئۆتكەن بۇ سۆزلەر ئوغۇللىرى مىسىردىن قايتىپ كېلەر - كەلمەس بولغان ئىدى. ئەمما ئۇلار مىسىردىن ئاشلىق ئېلىپ كەلگەن تاغارلىرىنى ئاچقان ئىدى، ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆردى - دە، يۇسۇفنىڭ بۇ خەيرخاھلىقىنى ئاتىسى يەئقۇبقا ئېيتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشقا ۋە ئۇكىلىرىنى مىسىرغا ئېلىپ بېرىشلىرى ئۈچۈن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن رۇخسەت بېرىشىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! بۇنىڭدىن ياخشى نېمە تەلەپ قىلىمىز؟ مانا بۇ بىزنىڭ ئاشلىق سېتىۋالغان سەرمايىمىز، بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلىپتۇ. دېمەككى، مىسىرنىڭ ئەزىزى بىزگە ئاشلىقنى ھەقسىز بېرىپتۇ. ئۇ كىشىنىڭ يامان نىيىتى بولسا بىزگە بۇنداق ياخشىلىق قىلماس ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇكىمىزنى بىللە ئېلىپ بېرىشىمىزغا رۇخسەت بەرگىن، ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئالىمىز، ئۇنى قوغدايمىز ۋە بىر تۆگە يۈكى ئاشلىق ئارتۇق ئالىمىز، چۈنكى ئۇ يەردە ھۆكۈمەت بىر كىشىگە بىر تۈگە يۈكى ئاشلىق سېتىلىشى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىكەن. بۇ نۆۋەت ئېلىپ كەلگەن ئاشلىقىمىز بەك ئاز، ئائىلىمىزگە ئۇزۇن يەتمەيدۇ، مىسىرغا قايتا بېرىپ ئاشلىق ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. (12-سۈرە يۈسۈف، 66-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالَ لَنْ أُرْسِلَهُ مَعَكُمْ حَتَّىٰ تُؤْتُونِ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ لَتَأْتُنَّنِي بِهِ إِلَّا أَنْ يُحَاطَ بِكُمْ ۖ فَلَمَّا آتَوْهُ مَوْثِقَهُمْ قَالَ اللَّهُ عَلَىٰ مَا نَقُولُ وَكِيلٌ
    يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار (يەنى ئوغۇللىرى) ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداشتا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىڭ ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتىسى: «ئۇنى ماڭا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە بەرمىگۈچە، ئۇنى سىلەر بىلەن ھەرگىزمۇ ئەۋەتمەيمەن. ھەممىڭلار بىرلىكتە ھالاك بولۇپ كەتسەڭلار ئامال يوق» دېدى. ئۇلار ئاتىسىغا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە بەرگەن ئىدى، ئاتىسى: «ئاللاھ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە گۇۋاھتۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۇمشىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇرنىغا ئىلگىرى بىر قېتىم سۇ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا: «سىلەر: ‹ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز تاقابىل تۇرالمىغۇدەك بىرەر مۇسىبەتكە دۇچ كېلىپ ھەممىمىز بىرلىكتە ھالاك بولۇپ كەتمىسەكلا، ئۇكىمىزنى قوغداپ مىسىردىن ساق - سالامەت قايتۇرۇپ كېلىپ ئاتىمىزغا تاپشۇرىمىز› دەپ ماڭا مۇستەھكەم ئەھدە بەرمىگىچە، مەن ئۇنى سىلەرگە قوشۇپ ھەرگىزمۇ مىسىرغا ئەۋەتمەيمەن» دېدى. ئۇلار ئاتىسى يەئقۇبنىڭ بۇ شەرتىنى قوبۇل قىلىپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئەھدە بەرگەن ئىدى، يەئقۇب: «دېيىشكەن سۆزىمىزنى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
    (ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا- باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! - مىسىرغا- ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! شەھەرگە ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. مەن ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر[8]. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ يولغا چىقىش ئالدىدا يەئقۇب ئۇلار بىلەن خوشلىشىۋېتىپ مۇنداق نەسىھەت قىلدى: «ئى ئوغۇللىرىم! مىسىرغا يېتىپ بارغان چېغىڭلاردا ھەممىڭلار شەھەرگە بىر دەرۋازىدىن كىرمەڭلار، تارقىلىپ پەرقلىق دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار، مەن ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ئاللاھ قانداق ھۆكۈم قىلسا شۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، چۈنكى ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئاللاھنىڭلا ئىلكىدە. مەن سىلەرگە بۇ تەۋسىيەلەرنى قىلدىم، لېكىن ئاخىرى ھەققىمىزدە ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە سەۋەب قىلىشىمىز، تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك. مەن ئاللاھقىلا تاياندىم، تايانماقچى بولغانلارمۇ ئاللاھقىلا تايانسۇن». ئەسكەرتىش: يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئوغۇللىرىنى مىسىرغا بارغاندا ئايرىلىپ شەھەرگە باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىشىگە بۇيرۇشى، ئۇلارنىڭ بىرەر زىيانكەشلىككە يولۇقۇشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام پەرقلىق قىياپەت بىلەن شەھەرگە بىر دەرۋازىدىن بىرلىكتە كىرگەن بۇ 11 كىشىلىك قاۋۇل ئادەملەر جامائەسىنى كۆرگەنلەرنىڭ ئۇلارغا بىرەر زىيانكەشلىك قىلىشىدىن، بولۇپمۇ قاراۋۇللار ۋە كۆزەتچىلەرنىڭ ئۇلارنى پەرق ئېتىپ ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىشى ۋە ھۆكۈمەت تەكشۈرىمىز دەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. بۇنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتنىڭ «ئۇلار شەھەرگە ئاتىسى بۇيرۇغان يەردىن كىرگەندە، بۇ ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى ئۇلاردىن دەپئى قىلالمىدى. لېكىن يەئقۇب كۆڭلىدىكى بىر ئارزۇنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى» دېگەن مەنىدىكى قىسمىمۇ تەكىتلەيدۇ. بۇ ئىپادە دالالەت قىلىدۇكى، مىسىردا ئۇ بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگىنى ئۇلارنىڭ پەرق ئېتىلىپ ئاشلىق سېتىلىدىغان يەرگە بېرىشىتىن توسۇلۇپ يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىشى ۋە ئاتىسىغا يالۋۇرۇپ مىڭ تەستە ئېلىپ كەلگەن ئۇكىلىرىنىڭ جىنايەتچى سۈپىتىدە تۇتۇلۇپ قېلىش مۇسىبىتى بولدى. يەقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەندىشە قىلغىنى (ئۇلارغا كۆز تېگىپ كېتىشى ئەمەس، ئەكسىچە) مۇشۇنداق بىرەر مۇسىبەت ئىدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بېشىغا بۇ مۇسىبەتنىڭ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ھەرقانچە ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇسىبەتكە توسالغۇ بولالمىدى. لېكىن يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بالىلىرى يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا كۆڭلىدىكى بىر ئارزۇسىنى ئۇلارغا ئېيتقان بولدى، خالاس. ئاللاھ تائالا 63 ~ 67 - ئايەتلەردە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ كەنئانغا قايتىپ (ئۇكىسىنى مىسىرغا بىللە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا) ئاتىسىنى قايىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۇكىسىنى ئېلىپ ئاتىسى بىلەن خوشلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 68 ~ 76 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ مىسىرغا كەلگەنلىكىنى، شەھەرگە ئاتىسى تەۋسىيە قىلغان بويىچە كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا مۇسىبەتكە يولۇققانلىقىنى ۋە ئۇ مۇسىبەتنىڭ نېمىلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (12-سۈرە يۈسۈف، 68-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى يۈسۈپ
    وَلَمَّا دَخَلُوا مِنْ حَيْثُ أَمَرَهُمْ أَبُوهُمْ مَا كَانَ يُغْنِي عَنْهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا حَاجَةً فِي نَفْسِ يَعْقُوبَ قَضَاهَا ۚ وَإِنَّهُ لَذُو عِلْمٍ لِمَا عَلَّمْنَاهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلار ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا ـ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، (بۇ) ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا (ۋەھىي ئارقىلىق) بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار -ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە باشقا ـ باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەندە، ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە دال بولالمىدى، بۇ پەقەت يەئقۇبنىڭ كۆڭلىدىكى ئۈمىدىنىلا ئىپادىلىدى، خالاس. بىز يەئقۇبقا -ۋەھيى ئارقىلىق- بىلدۈرگەن ئىدۇق، شۇڭا ئۇ كەڭ بىلىم ئىگىسىدۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى -بۇنى- بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شەھەرگە ئاتىسى بۇيرۇغان يەردىن كىرگەندە، بۇ ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى ئۇلاردىن دەپئى قىلالمايتتى. لېكىن يەئقۇب، كۆڭلىدىكى ئارزۇنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم ئىگىسى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بىز ئۆگەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى يۇسۇف ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئۇكىسىنى ئېلىپ مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە شەھەرگە ئاتىسى بۇيرۇغان بويىچە تارقىلىپ باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرگەن ئىدى، بۇنداق كىرىش ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى ئۇلاردىن دەپئى قىلمىدى، لېكىن يەئقۇبنىڭ ئۇلارنى يولغا سالىدىغان چاغدا كۆڭلىگە كېلىپ ئېيتقان ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئىلىم ئىگىسى ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بىز ئۆگەتكەن ئىدۇق، شۇڭلاشقا ئۇ ھەرقانداق ئىشتا قولىدىن كېلىشىچە سەۋەب قىلىش ۋە تەدبىر ئېلىش، ئاندىن ئاقىۋەتنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش لازىملىقىنى ئوبدان بىلەتتى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. (12-سۈرە يۈسۈف، 69-ئايەت) يۈسۈپ
    وَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَخَاهُ ۖ قَالَ إِنِّي أَنَا أَخُوكَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ بالىلىرى) يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولىمەن، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئۇكىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولىمەن، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان ئىشلىرىدىن قايغۇرمىغىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يۇسۇفنىڭ يېنىغا كىرگەندە، يۇسۇف ئۆز قېرىندىشىنى باغرىغا باستى ۋە: «مەن راستتىنلا سېنىڭ قېرىندىشىڭمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى يولۇققان مۇسىبەت مۇنداق: ئۇلار پەرقلىق دەرۋازىلاردىن كىرگەن بولسىمۇ يەنىلا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن پەرق ئېتىلىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىندى، ئۇلار يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە يۇسۇف ئاتىسىمۇ بىر ئانىسىمۇ بىر قېرىندىشىنى باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ قېرىندىشىڭ، ئۇلارنىڭ ئاتىمىزغا، ماڭا ۋە ساڭا قىلغان يامانلىقلىرىغا قايغۇرمىغىن، ئۇلارغا مېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىمنى تىنمىغىن، سېنى يېنىمدا ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن ھىيلە قىلىمەن چاندۇرمىغىن ۋە ئۇلار كۆرسەتكەن پوزىتسىيەگە پەرۋا قىلمىغىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  70. (12-سۈرە يۈسۈف، 70-ئايەت) يۈسۈپ
    فَلَمَّا جَهَّزَهُمْ بِجَهَازِهِمْ جَعَلَ السِّقَايَةَ فِي رَحْلِ أَخِيهِ ثُمَّ أَذَّنَ مُؤَذِّنٌ أَيَّتُهَا الْعِيرُ إِنَّكُمْ لَسَارِقُونَ
    يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف ئۇلارنى ئېھتىياجلىق ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، قەدەھنى ئۇكىسىنىڭ يۈكى ئىچىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن بىر جاكاچى چىقىپ: «ئى كارۋانلار! سىلەر چوقۇم ئوغرى ئىكەنسىلەر» دەپ توۋلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى تەييارلاتقاندا سۇ قاچىسىنى قېرىندىشىنىڭ يۈكىنىڭ ئىچىگە قويدۇردى. ئاندىن كېيىن بىر جاكارچى: «ئى كارۋان! سىلەر ھەقىقەتەن ئوغرى ئىكەنسىلەر!» دەپ توۋلىدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف ئىشچىلىرىغا قېرىنداشلىرىنىڭ يۈكلىرىنى تەييارلاپ ئۇلاغلىرىغا يۈكلەش بۇيرۇقىنى بەرگەن چاغدا، ئۇلارغا پادىشاھنىڭ كونا سۇ قاچىسى ۋە كېيىن بۇغداي كەمچەنلەشتە ئىشلىتىلگەن ئالتۇن قاچىنى قېرىندىشىنىڭ يۈكى ئىچىگە مەخپىي ھالدا تىقىپ قويۇشنىمۇ بۇيرۇغان ئىدى. ئىشچىلار ئۇلارنىڭ يول تەييارلىقىنى مۇشۇ بويىچە تەييارلىدى. ئۇلار ئاشلىق يۈكلىرى ئارتىلغان ئۇلاغلىرىنى ئېلىپ يولغا راۋان بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بىر جاكارچى: «ھەي كارۋان! سىلەر ئوغرى ئىكەنسىلەر، ئوغرى!» دەپ جاكارلىدى — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (12-سۈرە يۈسۈف، 71-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا وَأَقْبَلُوا عَلَيْهِمْ مَاذَا تَفْقِدُونَ
    (كارۋاندىكىلەر) ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    -كارۋاندىكىلەر- ئۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بۇلارغا قاراپ: «نېمەڭلارنى يوقىتىپ قويدۇڭلار؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    (71-73) ئۇلار جاكارچىغا بۇرۇلۇپ: «نېمەڭلار يوق؟» دېدى. ئۇلار: «پادىشاھنىڭ قاچىسى يوق! ئۇنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە يۈكى ئاشلىق مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېدى. قوغلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدىن بىرى (باشلىقى): «مەن بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلىدىغانلىقىغا كېپىل» دېدى. يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى: «غەلىتە ئىشقۇ بۇ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىزنىڭ بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئائىلىمىزگە ئاشلىق ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىزنى ۋە بىزنىڭ ئوغرى ئەمەسلىكىمىزنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسىلەر، چۈنكى سىلەر بىزنىڭ ئىككى قېتىم بۇ يەرگە كېلىىشىمىزدە كېلىش مەقسىتىمىزنى بىلدىڭلار، دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىمىزنى كۆردۈڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  72. (12-سۈرە يۈسۈف، 72-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا نَفْقِدُ صُوَاعَ الْمَلِكِ وَلِمَنْ جَاءَ بِهِ حِمْلُ بَعِيرٍ وَأَنَا بِهِ زَعِيمٌ
    ئۇلار: «پادىشاھنىڭ (تامغىسى بېسىلغان) قەدەھنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە (مۇكاپات ئۈچۈن) بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «پادىشاھنىڭ قەدىھىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى تېپىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە ئاشلىق بېرىلىدۇ، مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار: «پادىشاھنىڭ قاچىسىنى يوقىتىپ قويدۇق، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە بىر تۆگە يۈك مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «مەن بۇنىڭغا كېپىل» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    .
  73. (12-سۈرە يۈسۈف، 73-ئايەت) راستچىللىق يۈسۈپ
    قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ عَلِمْتُمْ مَا جِئْنَا لِنُفْسِدَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كُنَّا سَارِقِينَ
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغىلى كەلمىدۇق، بىز ئوغرىمۇ ئەمەس» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  74. (12-سۈرە يۈسۈف، 74-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا فَمَا جَزَاؤُهُ إِنْ كُنْتُمْ كَاذِبِينَ
    ئۇلار (يەنى يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى): «سىلەرنىڭ شەرىئىتىڭلاردا ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟ (ئەگەر قەدەھ يۈكۈڭلاردىن چىقىپ قېلىپ) يالغانچى بولۇپ قالساڭلارچۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈفنىڭ خىزمەتچىلىرى: « يالغانچى بولۇپ قالساڭلار، ئوغرىنىڭ جازاسى نېمە؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار: «ئەگەر سىلەر يالغان ئېيتقۇچىلار بولساڭلار، يەنى ئۇنى ئوغرىلىغان كىشى سىلەردىن چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ جازاسى نېمە؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    (74-75) ئەمەلدارلار ئۇلاردىن: «ناۋادا ‹بىز ئوغرى ئەمەس› دەپ يالغان ئېيتقان بولساڭلار ۋە قاچا بېرىڭلارنىڭ يۈكىدىن چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ جازاسى نېمە؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «جازاسى شۇ: قاچا كىمنىڭ يۈكىدە تېپىلسا، ئۇ كىشى قاچىنىڭ ئىگىسىگە قۇل سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. بىز ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرنى مۇشۇنداق جازالايمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. (12-سۈرە يۈسۈف، 75-ئايەت) ئادالەت يۈسۈپ
    قَالُوا جَزَاؤُهُ مَنْ وُجِدَ فِي رَحْلِهِ فَهُوَ جَزَاؤُهُ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
    ئۇلار: «ئۇنىڭ جازاسى يۈكىدىن قەدەھ تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئۇنىڭ جازاسى قەدەھ بىلەن تېپىلغان ئادەمنى قۇل قىلىش، زالىملارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «جازاسى شۇ: قاچا كىمنىڭ يۈكىدىن تېپىلسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭ جازاسىدۇر. بىز بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز[9]» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  76. فَبَدَأَ بِأَوْعِيَتِهِمْ قَبْلَ وِعَاءِ أَخِيهِ ثُمَّ اسْتَخْرَجَهَا مِنْ وِعَاءِ أَخِيهِ ۚ كَذَٰلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ ۖ مَا كَانَ لِيَأْخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ الْمَلِكِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ وَفَوْقَ كُلِّ ذِي عِلْمٍ عَلِيمٌ
    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، (مىسىر) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى (يۈسۈفنى كۆتۈرگەندەك) يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، پادىشاھنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى، ئاخىرىدا قاچىنى قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن تېپىپ چىقاردى. بىز يۇسۇفكە ئەنە شۇنداق پىلان كۆرسەتتۇق. ئاللاھ مۇشۇنداق خالىمىسا ئىدى، يۇسۇف قېرىندىشىنى پادىشاھنىڭ دىنى بويىچە ئېلىپ قالالمايتتى[10]. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. ھەر بىلىمدارنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ ئوبدان بىلىدىغان بىرى بار. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن يۈكلەر ئاختۇرۇلىدىغان بولدى. يۇسۇف (ئۆزى ياكى بەلگىلىگەن ئەمەلدارى) باشتا چوڭ 10 قېرىندىشىنىڭ يۈكلىرىنى ئاختۇرۇپ چىقتى، ئاندىن ئاتا - ئانا بىر قېرىندىشىنىڭ يۈكىنى ئاختۇردى ۋە قاچىنى ئۇنىڭ يۈكىدىن تېپىپ چىقاردى. يۇسۇف ھىيلىسىدە مۇۋەپپەق بولدى، شۇنداقلا قېرىندىشىنى ئېلىپ قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «بىز يۇسۇفكە مۇشۇنداق پىلان كۆرسەتكەن ئىدۇق، بولمىسا ئۇ قېرىندىشىنى مىسىر پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە ھەرگىزمۇ ئېلىپ قالالمايتتى، لېكىن بىز باشقا بىر چىقىش يولى كۆرسەتكەن بولساق يەنە ئېلىپ قالالايتتى. بىز ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ بۇ يولنى ئۆگەتتۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى ئىلىمدە يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتىرىمىز. ھەر ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭدىن ئوبدان بىلىدىغان بىر ئىلىم ئىگىسى بولىدۇ، بۇ دەرىجىلەر ئاللاھقا يېتىپ بارغاندا توختايدۇ، يەنى ئىنسانلار ۋە جىنلار ئىلىمدە بىر - بىرىدىن ئۈستۈن بولىدۇ، ئىلىمدە ئەڭ ئۈستۈن ۋە ئەڭ مۇكەممەل دەرىجە ئاللاھقا ئائىتتۇر. مەسىلەن: يۇسۇف ئىلىمدە قېرىنداشلىرىدىن ئۈستۈن، ئاللاھ ھەممىسىدىن ئۈستۈندۇر». ئاللاھ تائالا 70 ~ 76 - ئايەتلەردە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ - ئۆزى كۆرسەتكەن پىلان بويىچە - ئۇكىسىنى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنىنى ۋە ئۇكىسىنىڭ ئوغرىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 77 ~ 82 - ئايەتلەردە بولسا، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ ئىشقا كۆرسەتكەن پوزىتسىيەسى، ئۇلارنىڭ چارىسىزلىكلىرى ۋە كەنئانغا يەنە بىر قېرىندىشىنى مەلۇم سەۋەبلەردىن مىسىردا قويۇپ قايتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. (12-سۈرە يۈسۈف، 77-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا إِنْ يَسْرِقْ فَقَدْ سَرَقَ أَخٌ لَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ فَأَسَرَّهَا يُوسُفُ فِي نَفْسِهِ وَلَمْ يُبْدِهَا لَهُمْ ۚ قَالَ أَنْتُمْ شَرٌّ مَكَانًا ۖ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَصِفُونَ
    ئۇلار: «ئەگەر ئۇ ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشىمۇ (يەنى يۈسۈفمۇ) ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۈسۈف (ئۇلارنىڭ) بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۈسۈف (ئىچىدە): «سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ (يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسى توغرىسىدا) قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئەگەر ئۇ، ئوغرىلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ قېرىندىشى-يۈسۈف-مۇ ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۈسۈف - ئۇلارنىڭ- بۇ سۆزىنى ئىچىدە بىلدى، لېكىن ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، يۈسۈف - ئىچىدە-: «سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار ئەڭ ياماندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان سۆزۈڭلارنىڭ يالغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بۇ ئوغرىلىغان بولسا، ئىلگىرى بۇنىڭ قېرىندىشىمۇ ئوغرىلىق قىلغان» دېيىشتى. يۇسۇف بۇنى ئىچىدە يوشۇردى[11]، ئۇلارغا مەلۇم قىلمىدى، ئىچىدە «سىلەرنىڭ ئورنۇڭلار بەك يامان![12] بۇ سۆزلىرىڭلارنىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئوغرىلانغان قاچىنىڭ كىچىك قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق خىجالەتچىلىكتە قالدى ۋە ئۆزرە ئېيتىپ ئۆزلىرىنى ئاقلىماقچى بولدى؛ ئۇلار، ئۇ قېرىندىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى بولغان يۇسۇفنى ئەيىبلەپ: «بۇ ئوغرىلىغان بولسا ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئانا بىر قېرىندىشىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئوغرىلىق قىلغان» دېدى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى، «بۇ ئوغرىلىسا ئوغرىلىغاندۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى يۇسۇفمۇ ئوغرىلىق قىلغان. دېمەككى، ئوغرىلىق قىلىش بۇلارنىڭ ئىرسىيىتىدە بار» دېگەن مەنىدە يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ ئانا بىر ئۇكىسىغا يوشۇرۇنچە ھاقارەت ئىپادىلەيتتى. يۇسۇف ئۇلارنىڭ بۇ ھاقارىتىنى سەزگەن بولسىمۇ چاندۇرمىدى، ئۇ ئىچىدە: «سىلەر ئىنتايىن ئوسال ئادەملەرسىلەر، سىلەر ناھايىتى پەس ئادەملەرسىلەر، چۈنكى سىلەر ئاتاڭلارنى قاقشاتتىڭلار ۋە قېرىندىشىڭلار يۇسۇفكە زۇلۇم قىلدىڭلار. پۈتۈن بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا يۇسۇفكە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلارنى ۋە ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىلەر، ئەمدى ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقىغا ئىشىنىۋاتىسىلەر. ئاللاھ چاپلىغان بۇ تۆھمەتلىرىڭلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. (12-سۈرە يۈسۈف، 78-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ إِنَّ لَهُ أَبًا شَيْخًا كَبِيرًا فَخُذْ أَحَدَنَا مَكَانَهُ ۖ إِنَّا نَرَاكَ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
    ئۇلار: «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ (ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان) بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى ئالىيجاناب زات! ئۇنىڭ -ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان- بىر قېرى ئاتىسى بار، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن، بىز سېنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن ھېسابلايمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئى ئەزىز! بۇنىڭ بەك قېرىپ كەتكەن ئاتىسى بار، شۇڭا بۇنىڭ ئورنىغا بىرىمىزنى ئېلىپ قالغىن. كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىنسەن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار: «ئى ئەزىز! بۇنىڭ بەك ياشىنىپ كەتكەن بىر ئاتىسى بار، شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرىمىزنى ئېلىپ قالغان بولسىڭىز. شۈبھىسىزكى، بىز جانابىڭىزنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن كۆرۈۋاتىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. (12-سۈرە يۈسۈف، 79-ئايەت) ئادالەت يۈسۈپ
    قَالَ مَعَاذَ اللَّهِ أَنْ نَأْخُذَ إِلَّا مَنْ وَجَدْنَا مَتَاعَنَا عِنْدَهُ إِنَّا إِذًا لَظَالِمُونَ
    يۈسۈف: «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف: «خۇدا ساقلىسۇن، نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، شۇنى ئېلىپ قالىمىز، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف: «ئاللاھ ساقلىسۇن! بىز نەرسىمىزنى كىمنىڭ يۈكىدىن تاپقان بولساق، پەقەت شۇنى ئېلىپ قالىمىز. بولمىسا بىز زالىم بولۇپ قالىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف ئۇلارنىڭ بۇ يالۋۇرۇشىغا: «ئوغرىدىن باشقىسىنى ئېلىپ قېلىشتىن بىزنى ئاللاھ ساقلىسۇن! جىنايەتچىنى قويۇۋېتىپ بىگۇناھ ئادەمنى ئېلىپ قالساق ھەقىقەتەن زالىم بولىمىز» دەپ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى كەستى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. (12-سۈرە يۈسۈف، 80-ئايەت) سەۋر يۈسۈپ
    فَلَمَّا اسْتَيْأَسُوا مِنْهُ خَلَصُوا نَجِيًّا ۖ قَالَ كَبِيرُهُمْ أَلَمْ تَعْلَمُوا أَنَّ أَبَاكُمْ قَدْ أَخَذَ عَلَيْكُمْ مَوْثِقًا مِنَ اللَّهِ وَمِنْ قَبْلُ مَا فَرَّطْتُمْ فِي يُوسُفَ ۖ فَلَنْ أَبْرَحَ الْأَرْضَ حَتَّىٰ يَأْذَنَ لِي أَبِي أَوْ يَحْكُمَ اللَّهُ لِي ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
    ئۇلار (بۇنيامىننىڭ ئورنىغا ئۆز ئارىسىدىن بىرسىنى ئېلىپ قېلىشقا يۈسۈفنىڭ ماقۇل بولۇشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغىچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، چەترەك يەرگە بېرىپ مەخپىي مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن قەسەم قىلدۇرۇپ ۋەدە ئالغانلىقىنى ۋە ئىلگىرى يۈسۈف توغرىسىدىكى خاتالىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ ئاتام ماڭا رۇخسەت قىلمىغىچە ياكى ئاللاھ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارمىغۇچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، ئاللاھ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار تەلەپلىرىنى يۇسۇفنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزگەندە، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئايرىم بىر تەرەپكە بېرىشتى. ئۇلارنىڭ چوڭى مۇنداق دېدى: «ئاتاڭلارنىڭ سىلەردىن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى يۇسۇفكە قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئاتامنىڭ رۇخسىتى ياكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى كەلمىگۈچە بۇ يەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار تەلەپلىرىنى يۇسۇفنىڭ قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن بىر چەتكە ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ چوڭى ئېيتتى: «ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟ ئاتاڭلار سىلەردىن بۇ ئۇكاڭلارنى قوغداپ ساق - سالامەت قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدى. سىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ يۇسۇفكە يامانلىق قىلغان ئىدىڭلار! شۇڭلاشقا مەن ئاتام بۇ يەردىن چىقىشىم توغرىسىدا رۇخسەت بەرمىگىچە ياكى ئاللاھ مېنىڭ ھەققىمدە بىرەر ھۆكۈم قىلمىغۇچە مىسىر تەۋەلىكىدىن ئايرىلمايمەن، قېرىندىشىمنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىمەن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئادىلىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. (12-سۈرە يۈسۈف، 81-ئايەت) يالغانچىلىق يۈسۈپ
    ارْجِعُوا إِلَىٰ أَبِيكُمْ فَقُولُوا يَا أَبَانَا إِنَّ ابْنَكَ سَرَقَ وَمَا شَهِدْنَا إِلَّا بِمَا عَلِمْنَا وَمَا كُنَّا لِلْغَيْبِ حَافِظِينَ
    سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، «ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز (يەنى ساڭا ۋەدە بەرگەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر قايتىپ كېتىپ ئاتاڭلار بىلەن كۆرۈشۈڭلار، ئاندىن ئېيتىڭلاركى، ئى ئاتىمىز! سېنىڭ ئوغلۇڭ راستتىنلا ئوغرىلىق قىلدى، بىز پەقەت بىلگەن نەرسىمىز ئۈستىدىلا گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمىز، بىز غەيبنى بىلمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ئى ئاتىمىز! شۈبھىسىزكى، ئوغلىڭىز ئوغرىلىق قىلدى. بىز پەقەت بىلگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بەردۇق. بىز غەيبنى بىلمىدۇق[13]. — ئەنەس ئالىم

    (81-82) ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ مۇنداق دەڭلار: ‹ئى ئاتىمىز! كىچىڭ ئوغلىڭىز ئوغرىلىق قىلدى، پادىشاھنىڭ يوقاپ كەتكەن قاچىسىنىڭ ئۇنىڭ يۈكىدىن چىققانلىقىنى كۆردۇق. بىز سىزگە ئەھدە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مىسىردا ئوغرىلىق قىلىشىنى ۋە تۇتۇلۇپ قېلىشىنى بىلمەيتتۇق. ئىشەنمىسىڭىز مىسىرغا ئادەم ئەۋەتىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بىز مىسىردىن بىللە كەلگەن كارۋاندىنمۇ سوراپ بېقىڭ. بىز ھەقىقەتەن راست ئېيتىۋاتىمىز›». ئاللاھ تائالا 80 ~ 82 - ئايەتلەردە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن قىلغان سۆھبەتلىرىنى، يۇسۇفنىڭ ئانا بىر قېرىندىشىنى ھىيلە بىلەن يېنىدا ئېلىپ قالغانلىقىنى ۋە قېرىنداشلىرىدىن بىرىنىڭ، يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئېلىپ قالغان قېرىندىشىنى ئېلىپ قايتىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن كەنئانغا قايتمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 83 ~ 87 - ئايەتلەردە بولسا، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلاردىن مىسىردا بولۇپ - ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ كۆرسەتكەن پوزىتسىيەسى، قاتمۇقات كەلگەن مۇسىبەتلەرنىڭ ئۇنىڭدا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئوغۇللىرىنى يەنە مىسىرغا ئەۋەتىشى... قاتارلىق نۇقتىلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. (12-سۈرە يۈسۈف، 82-ئايەت) راستچىللىق يۈسۈپ
    وَاسْأَلِ الْقَرْيَةَ الَّتِي كُنَّا فِيهَا وَالْعِيرَ الَّتِي أَقْبَلْنَا فِيهَا ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
    بىز تۇرغان شەھەردىن (يەنى مىسىردىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست» — مۇھەممەد سالىھ

    بىز تۇرغان شەھەردىن ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز تۇرغان ئۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىدىن ۋە بىز بىلەن بىللە كەلگەن كارۋاندىن سوراپ بېقىڭ. بىز ھەقىقەتەن راست سۆزلەۋاتىمىز». — ئەنەس ئالىم

  83. قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
    يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، بەلكىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئاكىسى دېگەن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىدى ئۇ: «ياق، يەنە نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. ئەمدى مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىشىم كېرەك. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېنىمغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى، — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ 9 دانە قېرىندىشى مىسىردىن يولغا چىقىپ (كەنئانغا) يەئقۇبنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا بولۇپ - ئۆتكەن ئىشلارنى، مىسىردا قېلىپ قالغان قېرىندىشى ئۆگەتكەن بويىچە خەۋەر قىلدى. بۇ خەۋەر ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىنى قوزغىۋەتتى، كىچىك ئوغلىنىمۇ يوقىتىش ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى، ئوغۇللىرىنىڭ يۇسۇفنى ئەتىگىنى ئۆيدىن ئېلىپ كېتىپ ئاخشىمى «بۆرە يەپ كېتىپتۇ» دەپ كېلىشى بىلەن يارىلانغان دىلى بۇ نۆۋەت ئوغۇللىرىنىڭ، كىچىك ئوغلى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە قانائەت ھاسىل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئوغۇللىرىغا: «ياق، سىلەر نەپسىڭلارنىڭ كەينىگە كىرىپ يۇسۇفتىن قوتۇلغاندەك ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلۇپسىلەر! مېنىڭ چىرايلىق سەۋر قىلىشتىن باشقا چارەم يوق. ئاللاھ ئۇ بالىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بەرگەي! ئاللاھ مېنىڭ ئەھۋالىمنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھەققىمدە قانداق ئىش قىلسا ھېكمىتى بويىچە قىلىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. (12-سۈرە يۈسۈف، 84-ئايەت) سەۋر يۈسۈپ
    وَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا أَسَفَىٰ عَلَىٰ يُوسُفَ وَابْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ الْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ
    يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن (كۆپ يىغلاپ) ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى (يەنى ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى)، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئىسىت يۈسۈف!» دېدى. قايغۇدىن -كۆپ يىغلاپ- ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى، ئۇ تولۇپ تاشقان ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتقان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى، «ئى مېنىڭ يۇسۇفكە چەككەن قاتتىق ھەسرىتىم!»[14] دەپ پەرياد قىلدى ۋە قايغۇدىن ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دەردىنى يۇتاتتى. — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇبنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن يۈرىكى سىقىلدى، ئىچى تىت - تىت بولدى، كۆڭلى غەش بولدى. شۇڭلاشقا ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ يۇسۇفكە چەككەن قايغۇ - ھەسرىتى بىلەن يالغۇز قالدى ۋە: «ئى يۇسۇفكە چەككەن ئەسەفىم! - يا ئەسەفا ئەلا يۇسۇفە» دېدى، قايغۇدىن ئىككى كۆزىنىڭ قارىلىرى ئاقىرىپ كەتتى. ئۇ دەردىنى يۇتاتتى. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ «ئى مېنىڭ يۇسۇفكە چەككەن قاتتىق ھەسرىتىم!» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى، «يا ئەسەفا ئەلا يۇسۇفە» دېگەن ئىپادىنىڭ كەلىمە تەرجىمىسى «ئى يۇسۇفكە چەككەن ئەسەفىم!» دېمەكتۇر. قايغۇرۇش بىلەن ئاچچىقلىنىشنىڭ بىرلەشكەن ھالىتى «ئەسەف - أسف» دېيىلىدۇ. «ئەسەف»نىڭ ئاخىرىدىكى ئەلىف مەقسۇرە (قىسقا ئوقۇلىدىغان ئەلىف) مۇتەكەللىم (بىرىنچى شەخس)نى ئىپادىلەيدىغان «ي»دىن بەدەلدۇر، يەنى ئۇ ئەلىف بۇ «يا»نىڭ ئورنىدا كەلگەن. بۇ چاغدا «يا ئەسەفا»، «يائەسەفىي» دېگەن بولۇپ، مەنىسى «ئى ئەسەفىم، ئى قايغۇ - ھەسرىتىم!» دېگەن بولىدۇ. «يا» يىراقتىكى ئەقىللىق نەرسىنى چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. «ئەسەف»نى سۆز ئاڭلايدىغان، سۆز ئۇقىدىغان ۋە سۆزلەشكىلى بولىدىغان ئەقىللىق بىر نەرسىنىڭ ئورنىدا قويۇپ نىدا قىلىش ناھايىتى مەنىلىك مەجازدۇر. دېمەككى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نۆۋەت يەنە ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭ دەردلىك يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەن ئىدى. كېيىنكى ئىككى ئوغلىنىڭ ھاياتتا ئىكەنلىكى ۋە نەدىلىكى توغرۇلۇق قانداقلا بولمىسۇن بىر خەۋەر بار، لېكىن يۇسۇف توغرۇلۇق ھېچبىر خەۋەر يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەسنادا ئۇنىڭ يۇسۇفكە چەككەن ھەسرىتى ۋە دەرد - ئەلىمى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، شۇنداقلا ئاچچىقلىنىش بىلەن بىرلەشكەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئاچچىقلىنىش ئىچىدە ئوغۇللىرىدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە خۇددى يۇسۇفنى چاقىرغاندەك يۇسۇفكە چەككەن ھەسرىتىنى، قايغۇسىنى، دەرد - ئەلىمىنى چاقىرىپ ئېيتتىكى: «ئى يۇسۇفكە چەككەن ھەسرىتىم! ئى ماڭا باشقا غەم يىگۈزمەيدىغان غېمىم! ئى ماڭا يۇسۇفنىڭ يادىكارى بولغان دەرد - ئەلىمىم!... نېرى كەتمە، يېنىمغا كەل، بۇ دەل سېنىڭ ۋاقتىڭدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. (12-سۈرە يۈسۈف، 85-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا تَاللَّهِ تَفْتَأُ تَذْكُرُ يُوسُفَ حَتَّىٰ تَكُونَ حَرَضًا أَوْ تَكُونَ مِنَ الْهَالِكِينَ
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ (ھەسرەتتىن) ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن يۈسۈفنى ياد ئېتىۋېرىپ ھالاك بولۇشقا تاس قالىدىغان ياكى ھالاك بولىدىغان بولدۇڭ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن يۇسۇفنى ياد ئېتىۋېرىپ ئاخىرى يا بەكلا ئاجىزلاپ كېتىسەن ياكى ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن كۈنلەر ئۆتتى، يەئقۇب يۇسۇفنىڭ دەرد - پىراقىدا يالغۇز ياشىماقتا ئىدى، ئائىلە - تەۋەسى ئۇنىڭ تەن - سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئارام بېرىش ۋە يۇسۇفكە قايغۇرۇشنى پەسەيتىش ھەققىدە يالۋۇردى ۋە ئېيتتى: «يۇسۇفنى ئويلاۋېرىپ يا بەكلا ئاجىزلاپ كېتىسىز ياكى ئۆلۈپ كېتىسىز، ئۆتۈنۈپ قالايلى ئۇنداق قىلماڭ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  86. (12-سۈرە يۈسۈف، 86-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى دۇئا يۈسۈپ
    قَالَ إِنَّمَا أَشْكُو بَثِّي وَحُزْنِي إِلَى اللَّهِ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چىدىغۇسىز ئەلىمىمنى ۋە قايغۇ - ھەسرىتىمنى ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن. — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ھالىمدىن شىكايەت قىلمىدىم ۋە دەرد - ئەلىمىمنى تارتىشىپ بېرىڭلار دېمىدىم. مەن چىدىغۇسىز دەر - ئەلىمىمنى ۋە ئىچىمگە سىغمايۋاتقان قايغۇ - ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىۋاتىمەن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى، ھېكمىتىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ۋە رەھمىتىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن، لېكىن سىلەر بۇلارنى بىلمەيسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. يَا بَنِيَّ اذْهَبُوا فَتَحَسَّسُوا مِنْ يُوسُفَ وَأَخِيهِ وَلَا تَيْأَسُوا مِنْ رَوْحِ اللَّهِ ۖ إِنَّهُ لَا يَيْأَسُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْكَافِرُونَ
    ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۈسۈفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە قېرىندىشىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كافىر قەۋملا نائۈمىد بولىدۇ». — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتتى: «ئى ئوغۇللىرىم! مىسىرغا بېرىڭلار، ئەتراپنى تىڭتىڭلاڭلار، ناھايىتى دىققەت بىلەن يۇسۇفنىڭ ۋە قېرىندىشىنىڭ دېرىكىنى ئىزدەڭلار، ئاللاھنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىدىن نائۈمىد بولماڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كافىر قەۋملا نائۈمىد بولىدۇ». ئاللاھ تائالا 87 - ئايەتتە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئوغۇللىرىنى مىسىرغا قېرىنداشلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن بېرىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 88 ~ 93 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى قېتىم مىسىرغا كەلگەنلىكىنى، يۇسۇفنىڭ ئۇلارغا ئۆزىنى ئاشكارا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنى ئاتىسىنىڭ دەرمانىنى ئېلىپ كەنئانغا بېرىشقا ۋە پۈتكۈل ئائىلە - تەۋەلىرىنى ئېلىپ مىسىرغا كېلىشكە بۇيرۇغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  88. (12-سۈرە يۈسۈف، 88-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات سەدىقە يۈسۈپ
    فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ
    ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، -ئالدىڭغا- ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىرغا قايتىپ بېرىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چېغىدا: «ئى ئەزىز! بىز ۋە ئائىلىمىز يەنە قىيىنچىلىقتا قالدۇق. بۇ قېتىم ئەرزىمەس سەرمايە ئېلىپ كەلدۇق. لېكىن سەن بىزگە ئاشلىقنى يەنىلا تولۇق بەرگىن ۋە بىزگە سەدىقە قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسى يەئقۇبنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەنئاندىن يولغا چىقىپ مىسىرغا يېتىپ كەلدى ۋە يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ: «ئى ئەزىز! بىز ۋە ئائىلە - تەۋەلىرىمىز يەنە قىيىنچىلىقتا قالدۇق، ئالماقچى بولغان ئاشلىقىمىزغا يەتمەيدىغان ئاددىي بىر سەرمايە ئېلىپ ھۇزۇرىڭىزغا كەلدۇق، شۇڭلاشقا سەرمايىمىز ئېھتىياجىمىز بولغان ئاشلىققا يەتمىسىمۇ بىزگە ئاشلىقنى تولۇق بېرىشىڭىزنى ۋە ئارتۇقىنى بىزگە سەدىقە ھېسابلىشىڭىزنى سورايمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەدىقە بەرگۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. (12-سۈرە يۈسۈف، 89-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالَ هَلْ عَلِمْتُمْ مَا فَعَلْتُمْ بِيُوسُفَ وَأَخِيهِ إِذْ أَنْتُمْ جَاهِلُونَ
    يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈفكە ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەر قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف: «سىلەر نادان ۋاقتىڭلاردا يۈسۈف ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف: «سىلەر نادان چېغىڭلاردا يۇسۇفكە ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟»[15] دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن يۇسۇفنىڭ كۆڭلى يۇمشىدى ۋە ئۇلارغا ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشقا باشلاپ: «سىلەر نادان چېغىڭلاردا يۇسۇفنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىشىڭلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنىدىشىغا ئازار بېرىشىڭلارنىڭ قەبىھلىكىنى تونۇپ يەتتىڭلارمۇ؟» دېدى. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى سوئال بىلەن 15 - ئايەتتىكى «سەن كەلگۈسىدە ئۇلارغا، بۇ قىلمىشلىرىنى چوقۇم خەۋەر قىلىسەن، ئۇلار ئۇ چاغدا سېنى ھېچ تونۇمايدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىلاھىي ۋەدە تولۇق ئەمەلگە ئاشقان بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  90. قَالُوا أَإِنَّكَ لَأَنْتَ يُوسُفُ ۖ قَالَ أَنَا يُوسُفُ وَهَٰذَا أَخِي ۖ قَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْنَا ۖ إِنَّهُ مَنْ يَتَّقِ وَيَصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
    ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «سەن راستتىنلا يۈسۈفمۇ؟» دېدى. ئۇ: «مەن يۈسۈف، بۇ بولسا مېنىڭ ئىنىم. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى. كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن - بىلسۈنكى-، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «سەن، سەن راستىنلا يۇسۇفمۇ؟» دېدى. يۇسۇف: «ھەئە مەن يۇسۇف، بۇ بولسا قېرىندىشىم. ئاللاھ بىزگە ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى. چۈنكى كىم تەقۋادارلىق قىلسا ۋە سەۋر قىلسا، ئاللاھ بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار: «سەن، سەن راستتىنلا يۇسۇفمۇ؟» دېدى. يۇسۇف: «شۇنداق، مەن يۇسۇف، ماۋۇ مېنىڭ قېرىندىشىمدۇر. ئاللاھ ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن بىزنى خەتەرلەردىن ساقلاپ بۇ مەرتىۋىلەرگە ئېرىشتۈردى، چۈنكى كىم ئاللاھقا سەمىمىي ھالدا ئىتائەت قىلسا ۋە ھەرقانداق شارائىتتا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرسا، ئاللاھ ئۇ ياخشىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  91. (12-سۈرە يۈسۈف، 91-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ آثَرَكَ اللَّهُ عَلَيْنَا وَإِنْ كُنَّا لَخَاطِئِينَ
    ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ھەقىقەتەن بىزدىن ئارتۇق قىلىپتۇ، بىز جەزمەن خاتا قىلىپتۇق» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى بىزدىن ئۈستۈن قىلدى. بىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار: «توغرا، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سېنى ئىلىم ۋە ئەمەلدە بىزدىن ئۈستۈن قىلىپ ئالىي ماقام بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ، بىز ساڭا ۋە قېرىندىشىڭغا يامانلىق قىلغان ئىدۇق، سىلەرنى خارلىغان ئىدۇق، بىزنى ساڭا موھتاج قىلىپ، سېنىڭ ئالدىڭدا بىچارە ۋە خار ھالەتتە تۇرغۇزۇپ جازالىدى» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  92. قَالَ لَا تَثْرِيبَ عَلَيْكُمُ الْيَوْمَ ۖ يَغْفِرُ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَهُوَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
    يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يۈسۈف ئېيتتى: «بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ئاللاھ مەرھەتلىكلەرنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇسۇف مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ھېچ ئەيىبلەنمەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچۈرسۇن! ئۇ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف: «بۈگۈن سىلەرنى ھېچ ئەيىبلىمەيمەن، ماڭا قىلغان يامانلىقلىرىڭلارغا سالاۋات، ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  93. (12-سۈرە يۈسۈف، 93-ئايەت) يۈسۈپ
    اذْهَبُوا بِقَمِيصِي هَٰذَا فَأَلْقُوهُ عَلَىٰ وَجْهِ أَبِي يَأْتِ بَصِيرًا وَأْتُونِي بِأَهْلِكُمْ أَجْمَعِينَ
    سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىلەرنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزى ئېچىلىدۇ، پۈتۈن ئائىلەڭلاردىكىلەرنى ئىلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مېنىڭ بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە تاشلاڭلار، كۆزلىرى كۆرىدىغان بولىدۇ. ئاندىن پۈتۈن ئائىلەڭلارنى ئېلىپ يېنىمغا كېلىڭلار». — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇف ئۇلاردىن ئاتىسى يەئقۇبنىڭ كۆزلىرى ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ: «مانا بۇ كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئاتامنىڭ يۈزىگە قويۇڭلار، قايتا كۆرىدىغان بولىدۇ. يەنە بىر گەپ: ئائىلە - تەۋەلىرىڭلارنىڭ جىمىسىنى ئېلىپ يېنىمغا، مىسىرغا كېلىڭلار» دېدى. ئاللاھ تائالا 93 - ئايەتتە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ، قېرىنداشلىرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇلارغا، «ئاتامنىڭ يۈزىگە قويۇڭلار...» دەپ كۆڭلىكىنى بەرگەنلىكىنى ۋە جىمى ئائىلەڭلارنى ئېلىپ مىىسرغا كېلىڭلار دېگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 94 ~ 98 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ كەنئانغا قايتىش ئۈچۈن مىسىردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشى، شۇنداقلا ھەممەيلەننىڭ سۆيۈنۈشىگىچە بولغان ئىشلارنىڭ جەريانىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  94. (12-سۈرە يۈسۈف، 94-ئايەت) يۈسۈپ
    وَلَمَّا فَصَلَتِ الْعِيرُ قَالَ أَبُوهُمْ إِنِّي لَأَجِدُ رِيحَ يُوسُفَ ۖ لَوْلَا أَنْ تُفَنِّدُونِ
    ب ئەلەيھىسسالام): «مەن چوقۇم يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار (يۈسۈفنى ئەلۋەتتە ھايات دەيتتىم)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    كارۋان -مىسىردىن شامغا قاراپ- قوزغالغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى -يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-: «مەن چوقۇم يۈسۈفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، سىلەر مېنى ئالجىپ قالغان دېمەيدىغان بولساڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    كارۋان مىسىردىن ئايرىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى يېنىدىكىلەرگە: «شۈبھىسىزكى، مەن يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن. مېنى ئالجىپ قالدى دېمىگەيسىلەر!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرىدىن تەركىب تاپقان كارۋان مىسىردىن يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ كەنئانغا قاراپ يولغا چىققان ئىدى، يەئقۇب نەۋرىلىرى ۋە ئائىلىسىدىكى خانىملارغا: «مەن يۇسۇفنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن، پۇرىقىنى سىزىۋاتىمەن. ئەگەر سىلەرنىڭ: ‹ئاتىمىز ئەس - ھوشىنى يوقىتىپتۇ، خىيالىغا كەلگەننى دەيدىغان بولۇپ قاپتۇ› دېيىشىڭلاردىن قورقمىسام سىلەرگە يۇسۇف توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى دەپ بېرەتتىم» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  95. (12-سۈرە يۈسۈف، 95-ئايەت) يۈسۈپ
    قَالُوا تَاللَّهِ إِنَّكَ لَفِي ضَلَالِكَ الْقَدِيمِ
    ئۇلار (يەنى يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر): «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەئقۇبنىڭ نەۋرىلىرى ۋە يېنىدىكى كىشىلەر: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن سەن تېخى يەنىلا بۇرۇنقى قايمۇقۇشۇڭدا ئىكەنسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېنىدىكىلەر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك تېنەۋاتىسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا توڭلۇق بىلەن: «قىزىق گەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن بۇرۇنقىدەكلا تېڭىرقاۋاتىسەن، تېنەۋاتىسەن، بىلجىرلاۋاتىسەن» دەپ ئازارلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    r
  96. (12-سۈرە يۈسۈف، 96-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى يۈسۈپ
    فَلَمَّا أَنْ جَاءَ الْبَشِيرُ أَلْقَاهُ عَلَىٰ وَجْهِهِ فَارْتَدَّ بَصِيرًا ۖ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    خۇشخەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم!» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلاپ، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىۋىدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھنىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىغان ئىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى قايتا كۆرىدىغان بولدى، دېدىكى: «مەن سىلەرگە: ‹مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن› دېمىگەنمۇ؟». — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇ ئەھۋال داۋاملاشماقتا ئىدى: يەئقۇب ھەر دائىم ئىلاھىي رەھمەتكە ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۆيدىكىلەر ئۇنى ئەيىبلىگەن. بۇ ئەھۋال، يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ ساق - سالامەت بارلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلىپ تېزراق كېلىش ئۈچۈن كارۋاننىڭ ئالدىدا ئالدىراپ ماڭغان كىشى (ئوغۇللىرىنىڭ بىرى) يېتىپ كەلگۈچىلىك داۋاملاشتى. ئۇ كىشى، يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ كېلىپ يۇسۇفنى تاپقانلىقىنى خەۋەر قىلدى ۋە كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە قويدى -دە، كۆزلىرى بۇرۇنقىدەك كۆرىدىغان بولدى. يەئقۇب يۇسۇف بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئەتراپىدىكىلەرگە: «مەن سىلەرگە: ‹مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئىلتىپاتى ۋە ھېكمىتىدىن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن› دېمدىممۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  97. (12-سۈرە يۈسۈف، 97-ئايەت) تۆۋە-ئىستىغپار يۈسۈپ
    قَالُوا يَا أَبَانَا اسْتَغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا إِنَّا كُنَّا خَاطِئِينَ
    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن. بىز ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزرە ئېيتىپ: «ئى ئاتا! بىزنى ئەپۇ قىلغىن، بىزگە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  98. قَالَ سَوْفَ أَسْتَغْفِرُ لَكُمْ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
    يەئقۇب: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەئقۇب: «رەببىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەئقۇب: «سىلەر ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب: «يېقىندا سىلەر ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. شۈبھىسىزكى، رەببىم تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» دېدى. ئاللاھ تائالا 93 - ۋە 94 - ئايەتلەردە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ، پۈتكۈل ئائىلە - تەۋەلىرىنى ئېلىپ مىسىرغا كۆچۈپ كېلىش توغرىسىدا يۇسۇف ئەلەيھىسسالامدىن بۇيرۇق ئېلىپ مىسىردىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 99 - ۋە 100 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ مەزكۇر بۇيرۇق بويىچە مىسىرغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ۋە يۇسۇفنىڭ كىچىكىدە كۆرگەن چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا قىسسەنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  99. (12-سۈرە يۈسۈف، 99-ئايەت) يۈسۈپ
    فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَىٰ يُوسُفَ آوَىٰ إِلَيْهِ أَبَوَيْهِ وَقَالَ ادْخُلُوا مِصْرَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ
    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «خۇدا خالىسا، مىسىرغا ئامان ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، يۈسۈف ئاتا ـ ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «ئاللاھ خالىسا، مىسىرغا ئاما ـ ئېسەن كىرىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلار ھەممىسى بىرلىكتە يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چاغدا، يۇسۇف ئاتا - ئانىسىنى باغرىغا باستى، «ئاللاھ خالىسا مىسىرغا خاتىرجەملىك ئىچىدە كىرىڭلار» دېدى، — ئەنەس ئالىم

    يەئقۇب ۋە بارلىق ئائىلە - تەۋەسى كەنئاندىن مىسىرغا كەلگەندە، يۇسۇف ئۇلارنى مىسىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كۈتۈۋالدى، ئاتا - ئانىسىنى قۇچاقلىدى ۋە: «ئىنشائاللاھ مىسىرغا ئامان - ئېسەن كىرىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  100. وَرَفَعَ أَبَوَيْهِ عَلَى الْعَرْشِ وَخَرُّوا لَهُ سُجَّدًا ۖ وَقَالَ يَا أَبَتِ هَٰذَا تَأْوِيلُ رُؤْيَايَ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَعَلَهَا رَبِّي حَقًّا ۖ وَقَدْ أَحْسَنَ بِي إِذْ أَخْرَجَنِي مِنَ السِّجْنِ وَجَاءَ بِكُمْ مِنَ الْبَدْوِ مِنْ بَعْدِ أَنْ نَزَغَ الشَّيْطَانُ بَيْنِي وَبَيْنَ إِخْوَتِي ۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٌ لِمَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
    ئاتا ـ ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(ئىزاھات:ئۇلارنىڭ ئادىتىدە سەجدە قىلىش ئىبادەت ئەمەس ھۆرمەت ھېسابلىناتتى.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاتا ـ ئانىسىنى تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇلارمۇ يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى[1]. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى رەببىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. رەببىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى، رەببىم خالىغىنىنى -ئىشقا ئاشۇرۇشقا- ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتا -ئانىسىنى تەختىگە چىقاردى، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىشتى. بۇ چاغدا يۇسۇف مۇنداق دېدى: «ئى دادىكا! مانا بۇ ئىلگىرى كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، رەببىم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. رەببىم ماڭا ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى: مېنى زىنداندىن چىقاردى ۋە شەيتان مەن بىلەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىنى بۇزغاندىن كېيىن سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە كەلتۈردى. شۈبھىسىزكى، رەببىم خالىغىنىنى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن ئۇلارنى سارىيىغا باشلاپ كەلدى ۋە ئاتا - ئانىسىنى تەختىدە ئولتۇرغۇزدى. ئۇلار، ھەممە ئائىلە مەنسۇپلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقى ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمدى. يۇسۇفنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە 11 قېرىندىشى بۇ ئامان - ئېسەنلىك ۋە ئىززەت - ئىكرامغا يۇسۇفنىڭ سايىسىدا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلدى (ئېھتىرام بىلەن تەزىم قىلدى). شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف كىچىكىدە كۆرگەن چۈشىنى ئەسلەپ ئاتىسى يەئقۇبقا مۇنداق دېدى: «ئى دادىكا! مانا بۇ، كىچىكىمدىكى چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، رەببىم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. رەببىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش ۋە ھەممىڭلارنى كەنئاندىن مىسىرغا كەلتۈرۈپ بېرىش بىلەن ماڭا ھەقىقەتەن ياخشىلىق ئاتا قىلدى. شۈبھىسىزكى، رەببىم ئۆزى خالىغان ئىشلارنى ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلايدۇ ۋە پىلانىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. رەببىمنىڭ ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇردۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  101. رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنْتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
    پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىم! سەن ماڭا پادىشاھلىقتىن نېسىۋە ئاتا قىلدىڭ ۋە ماڭا چۈش تەبىرىدىن ئۆگەتتىڭ. ئى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى! سەن مېنىڭ بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ۋەلىيىمسەن! مېنى مۇسۇلمان ھالىتىمدە ۋاپات قىلدۇرغىن، مېنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قىلغىن!». — ئەنەس ئالىم

    بۇ يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى (4 ~ 100 -) ئايەتلەردە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ رەببىگە شۈكۈر ئېيتقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئاخىرقى تىلىكىنى تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: يۇسۇف ئاتا - ئانا ۋە باشقا بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يېنىغا ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن، بېشىغا كەلگەن بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن ئاللاھنىڭ قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ۋە ئېرىشكەن شۇنچە ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەرگە ئاللاھنىڭ ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئاللاھقا يۆنەلدى ۋە مۇنداق دېدى: «رەببىم! ماڭا پادىشاھلىقتىن نېسىۋە ئاتا قىلدىڭ، ماڭا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگەتتىڭ! ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى رەببىم! سەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، ھامىيىمسەن! مېنى ئۆزۈڭگە بويسۇنۇۋاتقان ھالىتىمدە ۋاپات قىلدۇرغىن، مېنى ياخشىلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن!». ئاللاھ تائالا 4 ~ 101 - ئايەتلەردە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. 102 ~ 107 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. (12-سۈرە يۈسۈف، 102-ئايەت) يۈسۈپ ۋەھىي
    ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۖ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ أَجْمَعُوا أَمْرَهُمْ وَهُمْ يَمْكُرُونَ
    مانا بۇلار (يەنى يۈسۈف قىسسەسى) بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار (يەنى يۈسۈفنىڭ قېرىنداشلىرى) (ئۇنىڭغا قارشى) چارە -تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇلار غەيب خەۋەرلىرىدىن بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلدۇق. ئۇلار چارە تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بولمىسا، ئۇلار سۇيىقەست قىلىش ئۈچۈن بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدىڭ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيب خەۋەرلەردىن بولۇپ، ئۇنى ساڭا بىز ۋەھىي بىلەن بىلدۈرۈۋاتىمىز. سەن يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى يۇسۇفكە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بىر قارارغا كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدا يوق ئىدىڭ. دېمەككى، سەن بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ۋە ئەلچىمىزسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  103. (12-سۈرە يۈسۈف، 103-ئايەت) كاپىرلىق يۈسۈپ
    وَمَا أَكْثَرُ النَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ
    سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ ،(لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ - لېكىن- ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنىڭ تولىسى - سەن ھېرىس بولساڭمۇ - ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ساڭا ئىشىنىپ ئەگىشىشى لازىملىقىنى ئىسپاتلايدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۆزلىرىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى ياماننى تاللاشقا ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن سەن ھەرقانچە ئارزۇ قىلساڭمۇ، ھەرقانچە تىرىشساڭمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ساڭا ئىشەنمەسلىكى سېنىڭ بىرەر كەمچىلىك ياكى سەن دەۋەت قىلغان يولدا بىرەر چاتاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ خاتا تاللىشىدىنلا بولغان. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنىڭ ئىشەنمىگەنلىكىگە قايغۇرمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. (12-سۈرە يۈسۈف، 104-ئايەت) يۈسۈپ قۇرئاننىڭ ھىدايىتى
    وَمَا تَسْأَلُهُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
    قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بولمىسا سەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن. بۇ قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەت ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ناۋادا سەن ئۇلاردىن قۇرئاننى يەتكۈزگەنلىكىڭ ئۈچۈن بىرەر ھەق تەلەپ قىلغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ ئىشەنمەسلىكىگە باھانىسى بولاتتى، لېكىن سېنىڭ ئۇلاردىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلغىنىڭ يوق. دېمەككى، ئۇلار ساڭا ئىشەنمەسلىكتە نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنغان ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن. ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئان قىيامەتكە قەدەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئېسىدە ساقلاپ ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان ئىلىمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  105. (12-سۈرە يۈسۈف، 105-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر كاپىرلىق
    وَكَأَيِّنْ مِنْ آيَةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَمُرُّونَ عَلَيْهَا وَهُمْ عَنْهَا مُعْرِضُونَ
    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا نۇرغۇن ئايەتلەر باركى، ئۇلا ر ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا نۇرغۇن ئايەتلەر بار. ئۇلار ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىمان كەلتۈرمەيدىغان ئۇ كۆپچىلىك ئىنسانلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىگە ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان شۇنچە كۆپ دەلىللەرنى داۋاملىق كۆرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  106. (12-سۈرە يۈسۈف، 106-ئايەت) ئىمان شېرىك
    وَمَا يُؤْمِنُ أَكْثَرُهُمْ بِاللَّهِ إِلَّا وَهُمْ مُشْرِكُونَ
    ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى ئاللاھنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، باشقا نەرسىلەرگىمۇ چوقۇنىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ تولىسى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇلۇھىيىتىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  107. (12-سۈرە يۈسۈف، 107-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب قىيامەت ۋاقتى
    أَفَأَمِنُوا أَنْ تَأْتِيَهُمْ غَاشِيَةٌ مِنْ عَذَابِ اللَّهِ أَوْ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن زور بالانىڭ ئۆزلىرىگە كېلىشىدىن ياكى تۇيماي قالغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىگە قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىزلا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىگە ئىنىشىپ، ئۇلۇھىيىتىگە شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن ياكى شېرىك ئېتىقادتا ئەزۋەيلەۋاتقان چاغلىرىدا تۇيۇقسىز قىيامەت قايىم بولۇپ مۇشرىك پېتى ئۆلۈشتىن، شۇنداقلا مەڭگۈ ئازاب چېكىىشكە مەھكۇم قىلىنىشتىن قورقمامدۇ؟. ئاللاھ تائالا 102 ~ 107 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 108 ~ 111 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ يولىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئىنسانلىقىنى باھانە قىلىپ ئىمان كەلتۈرمىگەن مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئايلىنىپ ئۆتمۈشتە پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشىنىشكە، شۇنداقلا ئىبرەت ئېلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا ئاقىۋەتتە ھەق تەرەپدارلىرىنىڭ غالىب، باتىل تەرەپدارلىرىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىپ، ئۇلارنى زەپەر قۇچقانغا قەدەر بەل قويۇۋەتمەسلىككە ئۈندەيدۇ. ئاخىرىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ، يەنى ئاللاھ تائالا بۇ سۈرە (يۇسۇف)نىڭ بېشىدا قۇرئان كەرىمنى ئەرەبچە نازىل قىلىشىنىڭ ھېكمىتىنى، ئاخىرىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر ئىككى يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  108. قُلْ هَٰذِهِ سَبِيلِي أَدْعُو إِلَى اللَّهِ ۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا وَمَنِ اتَّبَعَنِي ۖ وَسُبْحَانَ اللَّهِ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
    ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مانا بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر: مەن ئاللاھقا تولۇق ئىشەنچ ۋە روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلىمەن. مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئاللاھنى پاك دەپ تونۇيمەن، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «مېنىڭ يولۇم تولۇق ئىشەنچ ۋە كۈچلۈك دەلىل بىلەن تەۋھىدكە دەۋەت قىلىشتۇر. بۇ مېنىڭمۇ يولۇمدۇر، ماڭا ئەگەشكەنلەرنىڭمۇ يولىدۇر. مەن ئاللاھنى نالايىق سۈپەتلەردىن پاك، كەمچىلىكلەردىن يىراق ۋە مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن ئۈستۈن دەپ تونۇيمەن، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن». ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئىنسانلارنى «تەۋھىدكە تولۇق ئىشەنچ ۋە روشەن دەلىل بىلەن» دەۋەت قىلىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان بۇ قۇرئانغا تولۇق ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلىمگە ئېرىشكەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىكەنلىكىگە جەزمەن ئىشىنىدۇ ۋە ئۇ ھەقكە باشقىلارنى دەۋەت قىلغاندا ئۇ ھەقنىڭ ئىگىسى نازىل قىلغان روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  109. وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار(يەنى پەيغەمبەرلەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق، ئۇلار يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئىدى. ئىنكارچىلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇشۇڭدىن ئەجەبلەنگەن ۋە: «ئاللاھ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلامدۇ؟!» دېگەن مۇشرىكلار بىلسۇنكى: بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن تاللاپ ۋەھىي نازىل قىلغان ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. بۇ بىزنىڭ ئىنسانلارغا ئەلچى ئەۋەتىشتىكى قانۇنىمىز بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ ئۆزگەرگىنى يوق. ساڭا قارشى چىققان ئۇ مۇشرىكلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى كۆزەتسۈن، بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەرنى بولسا نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا ئاخىرەتتە تېخىمۇ كاتتا مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ ئەگەر ئەقىلىڭلارنى ئىشلەتكەن بولساڭلار ھەقنى چۈشىنەتتىڭلار، شۇنداقلا ھەقكە ئىشىنەتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  110. حَتَّىٰ إِذَا اسْتَيْأَسَ الرُّسُلُ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ قَدْ كُذِبُوا جَاءَهُمْ نَصْرُنَا فَنُجِّيَ مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُنَا عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
    ھەتتا پەيغەمبەرلەر (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە (قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەتتا پەيغەمبەرلەر قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە قەۋمى تەرىپىدىن يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخىرى ئەلچىلىرىمىز نائۈمىد بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىققا چىقىرىلغانلىقىنى ئويلاۋاتقان ئەسنادا ئۇلارغا نۇسرىتىمىز كەلدى. بىز خالىغان كىشى قۇتقۇزۇلدى. بىزنىڭ شىددەتلىك ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ساڭا قارشى چىققانلارنى دەرھال جازالىشىمنى تەلەپ قىلمىغىن، سېنىڭ زەپەر قازىنىشىڭ ۋە دۈشمەنلىرىڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشى جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، لېكىن بۇنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى بار، مۇئمىنلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى لازىم. بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلارغىمۇ ئىشەنگەنلەر بولدى، قارشى چىققانلار بولدى. بىز (ھېكىتىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە) ئۇ پەيغەمبەرلەر نۇسرىتىمىزدىن ئۈمىدسىز بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىغا چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئويلاۋاتقان چاغدا، ئۇلارغا نۇسرىتىمىزنى ئەۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز خالىغان كىشىلەر (ئۇ پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلار) قۇتقۇزۇلدى، كۇفرىلىقتا ۋە تەرسالىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر ھالاك قىلىندى. بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىز گۇناھقا چۆمگەن قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى باسىدۇ ۋە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  111. لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِأُولِي الْأَلْبَابِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارنىڭ قىسسەسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. قۇرئان يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىسسەسىدە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار. بۇ قۇرئان ئويدۇرما سۆز ئەمەس، لېكىن ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ تەستىقىدۇر[16]، ھەر نەرسىنىڭ تەفسىلىدۇر[17]، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ساغلام ئەقىل ئىگىرىلىرى ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، مۇئمىنلارنىڭ ھامان قۇتۇلىدىغانلىقىنى، كۇفرىلىق، تەرسالىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ -دە، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە باتىل بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ قىسسەلەرنىڭ راست بولۇشىدۇر، چۈنكى ئۇ قىسسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان ئويدۇرما سۆز ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھ ئىلگىرىكى كىتابلىرىنى تەستىقلايدىغان، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىدىغان، ئىشەنگەنلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ۋە رەھمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان شەكىلدە نازىل قىلغان كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى