ئەنفال سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 75 ئايەت
مەنىسى: غەنىيمەت(ئولجا). ئاتىلىش سەۋەبى: غەنىيمەت تەقسىماتى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَنْفَالِ ۖ قُلِ الْأَنْفَالُ لِلَّهِ وَالرَّسُولِ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَصْلِحُوا ذَاتَ بَيْنِكُمْ ۖ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
    (ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىيمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «غەنىيمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار. ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ساھابىلىرىڭ) سەندىن ئولجىلار توغرۇلۇق سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئولجىلار (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار. ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن غەنىيمەتلەر توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «غەنىيمەتلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭدۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاراڭلارنى تۈزەڭلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدا سوئال سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدا ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى غەنىيمەتلەرنى ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە تەقسىم قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، خۇسۇسەن غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدا ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشىشنى تەرك ئېتىڭلار، ئاراڭلاردىكى خۇسۇمەتنى تۈگىتىڭلار، ئۆزئارا جاڭجاللاشماڭلار ۋە بىر - بىرىڭلارغا ھەقسىزلىق قىلماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار، ھەممە ئىشتا بولغاندەك، بۇ غەنىيمەت تەقسىماتىدىمۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ ھۆكۈمنى ئەينەن ئىجرا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَجِلَتْ قُلُوبُهُمْ وَإِذَا تُلِيَتْ عَلَيْهِمْ آيَاتُهُ زَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
    پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا كامىل مۆمىنلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار شۇنداق كىشىلەركى، ‹ئاللاھ› دېيىلسە قورقۇپ يۈرەكلىرى تىترەيدۇ، ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانلىرى زىيادە بولىدۇ، رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (2-4) ئى مۇئمىنلار! شۇنى بىلىڭلاركى، ھەقىقىي مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا سۈر باسىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، ئاللاھقىلا تايىنىدىغان، بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، ئاللاھ ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇ ھەقىقىي مۇئمىنلار رەببى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئالىي دەرىجىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىقلارغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 4 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇنىڭ بېرىشى كېرەك بولغان جاۋابنى ئۆگىتىدۇ، مۇئمىنلارغا تەقۋادار بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. 5 ~ 8 - ئايەتلەردە بولسا، مۇئمىنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان نارازىلىقنىڭ، ئىلگىرى غازاتقا چىقىش جەريانىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، شۇ چاغدىمۇ غازاتقا چىقىشنىڭ، ئۆزىنىڭ ئەمرى ۋە ئەلچىسىنىڭ ئىجراسى بىلەن ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا غازاتقا خۇشياقماسلىق بىلەن چىققانلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
    ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار نامازنى مۇكەممەل ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل ـ مالدىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، بىز بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  4. (8-سۈرە ئەنفال، 4-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات ئىمان
    أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا ۚ لَهُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَمَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
    ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نېمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۇئمىنلاردۇر. ئۇلار ئۈچۈن رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا دەرىجىلەر، مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.‏ — ئەنەس ئالىم

  5. (8-سۈرە ئەنفال، 5-ئايەت) جىھاد پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى
    كَمَا أَخْرَجَكَ رَبُّكَ مِنْ بَيْتِكَ بِالْحَقِّ وَإِنَّ فَرِيقًا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ لَكَارِهُونَ
    (غەنىيمەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاس قىلىنغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ھەقلىق رەۋىشتە ئۆيۈڭدىن (يەنى ئۆيۈڭ جايلاشقان مەدىنىدىن ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى (ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىغا) ئوخشايدۇ، مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشنى) ئەلۋەتتە يامان كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ خۇددى پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۆيۈڭدىن (ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى ئوخشاشتۇر. ھالبۇكى، مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئۇرۇشقا چىقىشنى) ھەقىقەتەن ياقتۇرمايتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ سېنى ھەق ئۈچۈن ئۆيۈڭدىن چىقارغاندىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولغان. ئۇ چاغدىمۇ مۇئمىنلاردىن بىر گۇرۇھ ھېچ مەمنۇن ئەمەس ئىدى[1]. ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! غەنىيمەت تەقسىماتى توغرىسىدا ئىختىلاپلاشقان مۇئمىنلار ئۆز ۋاقتىدا غازاتقا چىقىش ئەسناسىدىمۇ غازاتقا چىقىش توغرىسىدا ئىختىلاپلاشقان. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى غازاتقا چىقىشنى ياقتۇرمىغان — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (8-سۈرە ئەنفال، 6-ئايەت) ئىمان پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى
    يُجَادِلُونَكَ فِي الْحَقِّ بَعْدَمَا تَبَيَّنَ كَأَنَّمَا يُسَاقُونَ إِلَى الْمَوْتِ وَهُمْ يَنْظُرُونَ
    ئۇلار گويا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار گويا ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ھەق ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خۇددى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك سەن بىلەن ئۇ ھەق توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ۋە سەن بىلەن ھەق (بەدىر غازىتىغا چىقىش) توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەن. ئۇلار غازاتقا خۇددى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈۋاتقان ئۆلۈمگە سۆرەپ مېڭىلغاندەك ماڭغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋىنى، يەنى بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى (يەنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى)، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھتىن (يەنى مۇشرىكلار كارۋىنى مۇشرىكلار قوشۇنىدىن) بىرىنىڭ قولۇڭلارغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھ (يەنى كارۋان) نىڭ قولۇڭلارغا ئۆتۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ئاشكارىلاشنى، كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، «ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ» دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ چاغدىمۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغىنى بويىچە ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئىجراسى بويىچە بولغان، نەتىجىدە سەن ئۇلارنى ئېلىپ غازاتقا چىققان. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ قېتىم غەنىيمەت تەقسىماتىدىمۇ ئىش ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئىجراسى بويىچە بولىدۇ. ئى مۇئمىنلار! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ (شامدىن مەككىگە قاراپ مېڭىۋاتقان) سودا كارۋىنى ۋە (ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن مەككىدىن كەلگەن) قوراللىق قوشۇندىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھنىڭ بىرىنى سىلەرگە ۋەدە قىلغان. سىلەر قورالسىز بولغان كارۋاننى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  8. لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
    ئاللاھ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ھەقنى ھەق (يەنى ئىسلامنى ئاشكارا) قىلىدۇ، باتىل (يەنى كۇفرى) نى بەربات قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (بۇنداق قىلىش) گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ئاللاھنىڭ ھەقنى (غالىب) قىلىپ، باتىل (يەنى كۇفر) نى بەربات قىلىشى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئاللاھنىڭ گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ ھەقنى ئۈستۈن، باتىلنى بەربات قىلىشى ئۈچۈن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ سىلەرگە بۇ ۋەدىنى قىلىشى، شۇنداقلا سىلەرنىڭ قوراللىق قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىشىڭلارنى ئىرادە قىلىشى، گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ ئىسلامنى غالىب، شېرىكنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: مەككە ئامان شەھەر بولۇش بىلەن بىرگە تېرىقچىلىق قىلىشقا ناباپ يەر ئىدى. شۇڭلاشقا مەككە ئاھالىسى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى باشقا جايلاردىن كىرگۈزۈپ (ئىمپورت قىلىپ) ياشايتتى. بۇ ئىشنى ئاساسەن مەككە قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولغان قۇرەيش قەبىلىسى قىلاتتى. مەككىنىڭ جەنۇبىدا، قىشتا ئىسسىق بولىدىغان يەمەن (ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلار - شەرقتە ئوممان دېڭىزى، جەنۇبتا ئەرەب دېڭىزى ۋە غەربتە قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبى قورشاپ تۇرىدىغان جايلار) بار ئىدى. مەككىنىڭ شىمالىدا بولسا، يازدا سوغۇق بولىدىغان شام (ئىئوردانىيە، پەلەستىن، لىۋان ۋە سۈرىيە) بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرەيش سودىگەرلىرى قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا بېرىپ لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى ۋە مەككىدە ساتاتتى. مەدىنە شام دىيارى بىلەن مەككىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر رايون بولغانلىقى ئۈچۈن شام دىيارىغا بېرىپ - كېلىدىغانلار قىزىل دېڭىزنى بويلاپ، مەدىنىنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتەتتى. ئەنە شۇ ئادەت بويىچە ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان ئېيىدا (مىلادىيە 624 - يىلى 3 - ئايدا) قۇرەيشكە تەۋە چوڭ بىر سودا كارۋىنىنىڭ ئەبۇ سۇفيان باشچىلىقىدا شامدىن مەككىگە قايتىۋاتقانلىقى مەخسۇس كۆزەتكۈچى ئىككى ساھابە تەرىپىدىن رەسۇلۇللاھقا مەلۇم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا ھەر جەھەتتىن زەربە بېرىش ۋە مۇئمىنلارنىڭ مەككىدە تالان - تاراچ قىلىنغان مال - مۈلكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن مۇئمىنلارنى كارۋاننى قوغلاپ چىقىشقا بۇيرۇدى، ئۆزىمۇ چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى ۋە نەتىجىدە ئۈچ يۈز ئون نەچچە كىشى بىلەن بەدىر تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئەبۇ سۇفيان بولسا، كارۋاننى ساق - سالامەت مەككىگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلاتتى؛ ھەر تەرەپتىن ئاخبارات ئىگىلەيتتى ۋە ھەر ئېھتىمالنى تەھلىل قىلاتتى. ئۇ بۇ ئەسنادا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كارۋانغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ساھابىلىرىنى سەپەرۋەر قىلغانلىق خەۋىرىنى ئالدى ۋە مەككىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئاھالىدىن كارۋاننى قوغداش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىشىنى ئۆتۈندى. مەككە ئاھالىسى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئەلچىسىدىن ئەھۋالنى ئاڭلاپ بارلىق قەبىلىلەر ئىچىدە سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قىسقا مۇددەتتە 1300 كىشىلىك بىر قوشۇن تەييارلىنىپ، ئەبۇ جەھىلنىڭ قوماندانلىقىدا يولغا چىقتى ۋە بەدىر يۆنىلىشىدىكى شىمال تەرەپكە قاراپ تېز ھەرىكەت قىلدى. بەدىر، مەدىنىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 160 كىلومېتىر، قىزىل دېڭىزدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتا، مەدىنە – مەككە يولىنىڭ شام كارۋان يولى بىلەن كېسىشكەن يېرىگە جايلاشقان كىچىك بىر شەھەر ئىدى. ئەبۇ سۇفيان كارۋاننىڭ پىستىرمىغا ئۇچراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەدردىن يىراق ۋە ئاز قوللىنىلىدىغان دېڭىز بويى يولىنى بويلاپ ئۆتكەن ئىدى. مەككە قوشۇنى بولسا، بەدرگە يېقىن بىر جايغا چۈشكەن ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارغا ئەنە شۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، مۇئمىنلارنىڭ قوراللىق گۇرۇھ بىلەن توقۇنۇشۇپ ئۇرۇش قىلىشىنى ۋە غالىب كېلىشىنى ئىرادە قىلاتتى. مۇئمىنلار بولسا، كارۋانغا ھۇجۇم قىلىپ مال - مۈلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَاسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّي مُمِدُّكُمْ بِأَلْفٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُرْدِفِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇئارقا چۈشىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ تىلىكىڭلارنى قوبۇل قىلغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا سىلەر رەببىڭلاردىن ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار، ئۇ: «مەن سىلەرگە ئارقىمۇئارقا كېلىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم قىلىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلغان ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ ئۇنىڭغا يۆنەلگەن چېغىڭلاردىكى ئەھۋالىڭلارنى ئەسلەڭلار. ئۇ چاغدا سىلەر ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىڭلارنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئاجىزلىقىڭلارنى ئويلاپ ئاللاھقا تېۋىنىپ ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار. ئاللاھ تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ سىلەرگە مىڭ كىشىلىك پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ۋە ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئارقا - ئارقىدىن چۈشۈرۈپ سىلەرگە ياردەم قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
    ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبىدىن) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ بۇ ياردەمنى خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە زەپەرنىڭ بېشارىتىنى بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بەرگەن ئىدى. نۇسرەت پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كېلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ غالىبتۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. إِذْ يُغَشِّيكُمُ النُّعَاسَ أَمَنَةً مِنْهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً لِيُطَهِّرَكُمْ بِهِ وَيُذْهِبَ عَنْكُمْ رِجْزَ الشَّيْطَانِ وَلِيَرْبِطَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ وَيُثَبِّتَ بِهِ الْأَقْدَامَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھتىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى؛ (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ (قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، سىلەرگە يەڭگىل ئۇيقۇ بېغىشلىغان ئىدى؛ سىلەرنى پاكلاش ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، كۆڭلۈڭلارنى توق تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، (قۇملۇقتا) قەدىمىڭلارنى مەزمۇت تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا ئاللاھ سىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مۈگدەتكەن ئىدى. سىلەرنى پاكلاش، سىلەردىن شەيتاننىڭ مەينىتىنى كەتكۈزۈش، قەلبىڭلارنى پۈتۈنلەش ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئۈستۈڭلارغا سۇ چۈشۈرگەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! شۇنىمۇ ئەسلەڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مۈگدەتكەن ئىدى، يەنى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن سىلەرنى ئۇيقۇ بېسىپ كۆڭلۈڭلاردىكى ئەنسىزلىك ۋە ئەندىشىلەر يوقالغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھ سىلەرگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدى. سىلەر ئۇ يامغۇرنىڭ سۈيىنى ئىچتىڭلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئېلىپ پاكلاندىڭلار، شەيتاننىڭ: «تاھارەتسىز ئۇرۇش قىلساڭلار قانداق غالىب كېلىسىلەر، دۈشمىنىڭلار سۇغا قانغان، سىلەر سۇغا تەشنا ھالەتتە» دېگەندەك ۋەسۋەسىلىرى كۆڭلۈڭلاردىن يوقالدى، ھەمدە سىلەر تۇرۇۋاتقان قۇملۇق يەر يامغۇرنىڭ يېغىشى بىلەن قاتتىقلىشىپ پۇتۇڭلار مۇستەھكەم تۇرىدىغان بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. إِذْ يُوحِي رَبُّكَ إِلَى الْمَلَائِكَةِ أَنِّي مَعَكُمْ فَثَبِّتُوا الَّذِينَ آمَنُوا ۚ سَأُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُوا الرُّعْبَ فَاضْرِبُوا فَوْقَ الْأَعْنَاقِ وَاضْرِبُوا مِنْهُمْ كُلَّ بَنَانٍ
    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنىڭ قەدەملىرىنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلىڭلار، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھىي قىلدى. (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار)، ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا) چېپىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم تۇرغۇزۇڭلار، مەن كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن، سىلەر ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە سېلىڭلار، بارماقلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار» دەپ ۋەھيى قىلغان ئىدى. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە ۋەھىي قىلغان ئىدى: مەن چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە. قېنى مۇئمىنلارنى جاسارەتلەندۈرۈڭلار. يېقىندا كافىرلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالىمەن. قېنى ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بارمىقىغا ئۇرۇڭلار! ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! يەنە شۇنىمۇ ئەسلەڭلاركى، ئاللاھ ئۇ چاغدا پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە. (سىلەرگە يار - يۆلەك بولىمەن)، مۇئمىنلارنى جاسارەتلەندۈرۈڭلار، ئۇلارغا شۇ سۆزۈم بىلەن ئىلھام بېرىڭلار: ‹ئى مۇئمىنلار! مەن كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن، ئۇ ھالدا سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى چېپىڭلار، بارماقلىرىنىمۇ چېپىڭلار›» دەيتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (8-سۈرە ئەنفال، 13-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ شَاقُّوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ وَمَنْ يُشَاقِقِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدى. كىمكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىقتى. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىقىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئەنە شۇنداق ياردەم بېرىپ غالىب قىلىشىنىڭ ۋە دۈشمىنىڭلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىققانلىقىدۇر. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىقىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ جازالىشى ناھايىتى قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (8-سۈرە ئەنفال، 14-ئايەت) دوزاخ ئەھلى ئىلاھىي ئازاب
    ذَٰلِكُمْ فَذُوقُوهُ وَأَنَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابَ النَّارِ
    (ئى كاپىرلار جامائەسى! بۇ دۇنيادا) مۇشۇنداق جازانى تېتىڭلار. كاپىرلار (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى كافىرلار جامائەسى! بۇ دۇنيادا) سىلەر مۇشۇنداق جازانى تېتىڭلار. كافىرلار (ئاخىرەتتە) چوقۇم دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى كافىرلار! ئەنە شۇ سىلەرنىڭ جازايىڭلاردۇر. ھازىرچە ئۇنى تېتىڭلار. كافىرلارغا دوزاخ ئوتىنىڭ ئازابىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى كافىرلار! ئەنە شۇ مەغلۇبىيەت سىلەرگە بۇ دۇنيادا بېرىلگەن ئازابتۇر، ئۇنى تېتىڭلار ۋە بىلىپ قويۇڭلاركى سىلەر ئۈچۈن ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىمۇ بار، ئۇنىمۇ تېتىيسىلەر. ئاللاھ تائالا 9 ~ 14 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا «بەدىر غازىتى»دا بىرقانچە تۈرلۈك ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن ھەر جەھەتتە قاتمۇقات ئۈستۈن بولغان مۇشرىكلار قوشۇنى ئۈستىدىن غالىب قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كافىرلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىنىڭ مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 15 ~ 19 - ئايەتلەردە بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇئمىنلارنىڭ غازاتقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىلاھىي ياردەمگە ئېرىشىش ۋە غالىب كېلىش ئۈچۈن قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبلىرىدىن توسىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا زَحْفًا فَلَا تُوَلُّوهُمُ الْأَدْبَارَ
    ئى مۆمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! سىلەر كافىرلار قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار) — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! كافىرلار قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! جەڭ مەيدانىدا كافىرلار قوشۇنى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، سىلەر ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچماڭلار. قاچساڭلار ئۇلارغا ئۆزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش، شۇنداقلا غالىب كېلىش پۇرسىتى بەرگەن بولىسىلەر. ئەسلىدە غالىب كېلىشكە سىلەر، مەغلۇپ بولۇشقا ئۇلار ھەقلىق، چۈنكى سىلەر ھەق ئۈستىدە، ئۇلار باتىل ئۈستىدە. لېكىن غالىب كېلىش ئۈچۈن ھەقلىق بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ، قولدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى ۋە ئىمكانىيىتى يەتكەن غەيرەتنى كۆرستىش شەرت. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. وَمَنْ يُوَلِّهِمْ يَوْمَئِذٍ دُبُرَهُ إِلَّا مُتَحَرِّفًا لِقِتَالٍ أَوْ مُتَحَيِّزًا إِلَىٰ فِئَةٍ فَقَدْ بَاءَ بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    كىمكى قايتا ئۇرۇشۇش ياكى (ياردەم تىلەش) ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئۇ كۈندە قايتا ئۇرۇشۇش ياكى مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇشنى مەقسەت قىلماي، دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ئۇ كۈندە ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلسا - ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسەن يەر ئالماشتۇرغۇچى ياكى باشقا بىر قىسىمغا قوشۇلغۇچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا -، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنى بىلىڭلاركى، جەڭ مەيدانىدا دۈشمەندىن قاچقانلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدۇ، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدۇ. لېكىن جەڭ مەيدانىدا ئۇرۇش تاكتىكىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، تېخىمۇ ئوبدان جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئورۇن ئالماشتۇرغان ياكى باشقا بىر جەڭچى قىسىمغا قوشۇلۇش ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان يېرىدىن ئايرىلغانلار ئۇنداق جازاغا دۇچار قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ قَتَلَهُمْ ۚ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ رَمَىٰ ۚ وَلِيُبْلِيَ الْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَاءً حَسَنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    (ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى. (ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇسۇلمانلار! ئۇرۇشتا) ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، بەلكى ئاللاھ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى ئۇلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرنى چىرايلىق ئىنئاملار ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، لېكىن ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى. ئى مۇھەممەد! ئاتقان چېغىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، لېكىن ئاللاھ ئاتتى. بۇ مۇئمىنلارنى چىرايلىقچە سىناش ئۈچۈن ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر «بەدىر غازىتى»دا دۈشمىنىڭلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ غالىب كەلگەن بولساڭلار، بۇنى سىلەر ئۆز كۈچ - قۇۋۋىتىڭلار بىلەن قىلمىدىڭلار، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ھەر تۈرلۈك ياردەم بېرىشى ۋە دۈشمىنىڭلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سېلىشى نەتىجىسىدە ئۇلارنى ئۆلتۈردۈڭلار ۋە غالىب كەلدىڭلار. ئى مۇھەممەد! سەن غەلىبە تىلەپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن بىر سىقىم توپىنى ئېلىپ دۈشمەن تەرەپكە ئاتقان چېغىڭدا، ئۇنى سەن ئېتىپ دۈشمەنگە يەتكۈزمىدىڭ، ئەكسىچە ئۇنى دۈشمەنگە ئاللاھ ئېتىپ يەتكۈزدى ۋە ئۇلارنى قورقۇتتى. ئاللاھ بۇنى، سىلەرنى نېمەت ئاتا قىلىپ سىناش ئۈچۈن قىلدى. ئى مۇئمىنلار! شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، نىيەت ۋە ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا سەمىمىي بولۇڭلار، قولۇڭلاردىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا تايىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. ذَٰلِكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ مُوهِنُ كَيْدِ الْكَافِرِينَ
    بۇ (ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر). ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ (ئىنئام) ۋە ئاللاھنىڭ كافىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىدىغانلىقى ھەقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ كافىرلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەنە شۇ بۈيۈك زەپەرگە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئېرىشتىڭلار، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كافىرلارنىڭ ھىيلە - مىكىر ۋە چارە - تەدبىرلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. إِنْ تَسْتَفْتِحُوا فَقَدْ جَاءَكُمُ الْفَتْحُ ۖ وَإِنْ تَنْتَهُوا فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَإِنْ تَعُودُوا نَعُدْ وَلَنْ تُغْنِيَ عَنْكُمْ فِئَتُكُمْ شَيْئًا وَلَوْ كَثُرَتْ وَأَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ
    (ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى كافىرلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە قارشى (يەنى سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا) كەلدى. ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ قوشۇن سىلەرگە ھېچقانداق نەپ يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر غەلىبە تىلىسەڭلار، ئەنە سىلەرگە غەلىبە كەلدى. ئەگەر توختىساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[2]. ئەگەر قايتساڭلار، بىزمۇ قايتىمىز[3]. قوشۇنۇڭلار ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ سىلەردىن ھېچ نەرسە دەپئى قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلار بىلەن بىللىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! بەدرگە مېڭىشتىن ئىلگىرى «ئى ئاللاھ! سەن بىز تەرەپ ۋە مۇھەممەد تەرەپ - ئىككىمىزدىن قايسىنى سۆيىدىغان بولساڭ ۋە قايسىمىزدىن رازى بولساڭ، بۈگۈن ئۇنىڭغا نۇسرەت ئاتا قىلغىن» دەپ بىزدىن غەلىبە تىلىگەن ئىدىڭلار. ھەقلىق بولغان تەرەپ (مۇھەممەد ۋە تەرەپدارلىرى) غەلىبە قىلدى، بۇنى كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئەگەر مۇئمىنلارغا تاجاۋۇز قىلىشتىن توختىساڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ناۋادا قايتا تاجاۋۇز قىلساڭلار، بىز مۇئمىنلارغا يەنە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن سىلەرنى قايتا مەغلۇپ قىلىمىز. سانىڭلار قانچىلىك كۆپ بولسا بولسۇن ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھ مۇئمىنلارغا ياردەم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 9 ~ 18 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ «بەدىر غازىتى» ئەسناسىدا مۇئمىنلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلەتكەندىن كېيىن، 20 ~ 26 - ئايەتلەردە ئۇلارنى ئۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ۋە ئۇ نېمەتلەردىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلاردىن توسىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَوَلَّوْا عَنْهُ وَأَنْتُمْ تَسْمَعُونَ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار،‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! «بەدىر»دە نۇسرەتنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئۆگەندىڭلار، شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، دەۋەتنى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق ئىتائەتتىن باش تارتماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (8-سۈرە ئەنفال، 21-ئايەت) ئىخلاس مۇناپىقلىق
    وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ قَالُوا سَمِعْنَا وَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
    ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كاپىرلارنى) دورىماڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق، دېگەن كىشىلەرنى دورىماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاڭلىمىسىمۇ: «ئاڭلىدۇق» دېگەن كىشىلەردەك بولماڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    (21-23) «ھەقنى ئاڭلىدۇق» دېگەن، لېكىن ھەقكە بويسۇنمىغان مۇشرىك ۋە مۇنافىقلاردەك بولماڭلار. بىلىڭلاركى، مۇشرىك ۋە مۇنافىقلار يەر يۈزىدە ھەرىكەت قىلىدىغان جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر، چۈنكى بۇ مۇشرىك ۋە مۇنافىقلاردىن ئىبارەت بولغان جانلىقلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرى ئاڭلىغان ھەقتىن پايدىلانمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەقنى ئىزدەش، ھەقكە ئىنتىلىش ۋە ھەقنى تاپسا بويسۇنۇش نىيىتىدەك بىرەر ياخشىلىق بولسا ئىدى، ئاللاھ ئۇلارغا ھەقنى ئاڭلىتاتتى -دە، ئۇلار قوبۇل قىلاتتى. لېكىن ھازىر ئۇلار ھەقتىن ئۈركۈۋاتقان ۋە قېچىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ ئۇلارغا ھەقنى ئاڭلاتسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم يۈز ئۆرۈگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (8-سۈرە ئەنفال، 22-ئايەت) كاپىرلىق غەپلەت ئەقىل
    إِنَّ شَرَّ الدَّوَابِّ عِنْدَ اللَّهِ الصُّمُّ الْبُكْمُ الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى ـ ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى (ئەقلى تۇرۇپمۇ) ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدىغان گاس-گاچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان گاس - گاچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  23. وَلَوْ عَلِمَ اللَّهُ فِيهِمْ خَيْرًا لَأَسْمَعَهُمْ ۖ وَلَوْ أَسْمَعَهُمْ لَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ
    ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاڭلىتاتتى. ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردە، ئۇلار يەنە يۈز ئۆرۈيتتى. ئۇلار يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  24. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَجِيبُوا لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ ۖ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ الْمَرْءِ وَقَلْبِهِ وَأَنَّهُ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئىمانغا دەۋەت قىلسا، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىغا پەردە سالالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە بۇرىيالايدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ سىلەرنى، سىلەرگە ھايات بېغىشلايدىغان نەرسىگە چاقىرسا، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئىشقا چاقىرسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرگە جان تومۇرىڭلاردىنمۇ يېقىن بولۇپ، كۆڭلۈڭلارغا نېمە كەلتۈرسەڭلار ۋە نېمە پۈكسەڭلار ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ نەرسە ياخشى بولسا، ئاللاھ كۆڭلۈڭلارنى ياخشىلىققا مايىل قىلىدۇ. ناۋادا ئۇ نەرسە يامان بولسا، ئاللاھ كۆڭلۈڭلارنى يامانلىققا بۇرىۋېتىدۇ. شۇنىمۇ بىلىڭلاركى، سىلەر نىيەت ۋە ئەمەللىرىڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَاتَّقُوا فِتْنَةً لَا تُصِيبَنَّ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْكُمْ خَاصَّةً ۖ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
    سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى يامان ئىش قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنداق فىتنىدىن ساقلىنىڭلاركى، ئۇنىڭ زىيىنى ئاراڭلاردىكى زالىملارغىلا يەتمەيدۇ[4]. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! جىھادتىن باش تارتىش، تەپرىقىچىلىك قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇشنى ۋە يامانلىقتىن توسۇشنى تەرك ئېتىشكە ئوخشاش زىيىنى كۆپچىلىككە بولىدىغان گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار. بۇنداق گۇناھلارنىڭ زىيىنى شۇ گۇناھلارنى قىلغانلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە پۈتۈن قەۋم (مىللەت، جەمئىيەت، ئاھالە) ئۇلارنىڭ كاساپىتىگە كېتىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالىشى بەك قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. وَاذْكُرُوا إِذْ أَنْتُمْ قَلِيلٌ مُسْتَضْعَفُونَ فِي الْأَرْضِ تَخَافُونَ أَنْ يَتَخَطَّفَكُمُ النَّاسُ فَآوَاكُمْ وَأَيَّدَكُمْ بِنَصْرِهِ وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
    ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار ، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار. شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) ماكانلاشتۇردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى ئولجىلار) نى رىزىق قىلىپ بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەسلەڭلاركى، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا زېمىندا بوزەك قىلىنغان ئاز سانلىق ئىدىڭلار. ئىنسانلارنىڭ سىلەرنى تۇيۇقسىز تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە يەر - زېمىن بەردى، ئۆز نۇسرىتى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى ۋە سىلەرگە پاك نەرسىلەردىن رىزىق بەردى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەسلەڭلاركى، سىلەر بىر زامانلار ھەر جەھەتتىن ئاجىز ئىدىڭلار، دۈشمەنلىرىڭلار ئاجىزلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ سىلەرنى بوزەك قىلاتتى. سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىپ ئەسىرگە ئېلىشىدىن، مېلىڭلارنى بولۇۋېلىشىدىن قورقاتتىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ھىجرەت قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مەدىنىدىن ئورۇنلىشىدىغان يەر ئاتا قىلدى (سىلەرگە يېڭى ۋەتەن ئاتا قىلدى)، سىلەرنى دۈشمىنىڭلار ئۈستىدىن غالىب قىلدى، سىلەرگە پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى (غەنىيمەتلەرنى ھالال قىلدى). ئەمدى سىلەر بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ جىھادقا قىلغان چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشۇڭلار. ئاللاھ تائالا 26 - ئايەتتە مۇئمىنلارغا بەزى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇلاردىن شۈكۈر قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ. 27 ~ 29 - ئايەتلەردە بولسا، شۈكۈر قىلىشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ ۋە شۈكۈرنىڭ پايدىسىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (8-سۈرە ئەنفال، 27-ئايەت) ۋەدىگە ۋاپا ئىشەنچلىكلىك
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئامانەتلىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ھەقنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتۇش، غەنىيمەتلەردىن خالىغانچە ئېلىۋېلىش، جىھادقا قىلىنغان چاقىرىققا ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق ئاۋاز قوشماسلىق... قاتارلىق قەبىھ ئىشلاردىن بىرەرىنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خائىنلىق قىلماڭلار. شۇنىڭدەك، ئۆزئاراڭلاردا قىلىشقان ئامانەتلەردە ئاللاھنىڭ ئەمر ۋە چەكلىمىلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بىر - بىرىڭلارغا خائىنلىق قىلماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. وَاعْلَمُوا أَنَّمَا أَمْوَالُكُمْ وَأَوْلَادُكُمْ فِتْنَةٌ وَأَنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ
    بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار — مۇھەممەد سالىھ

    بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ پۇل-ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن پەقەتلا بىر تۈرلۈك سىناقتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىلىڭلاركى، ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۈيۈك مۇكاپات بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىلىڭلاركى، مال ۋە بالىغا بولغان سۆيگۈڭلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە ئاداشقان بولىسىلەر. شۇڭلاشقا دىققەت قىلىڭلار، ماللىرىڭلارغا ۋە بالىلىرىڭلارغا بولغان سۆيگۈڭلار ئاللاھقا بولغان سۆيگۈڭلاردىن كۈچلۈك بولمىسۇن، ئەكسى تەقدىردە يۇقىرىدىكى خائىنلىقلارنى قىلىپ سالىسىلەر. شۇنىمۇ بىلىڭلاركى، سىلەر يۇقىرىدىكى خائىنلىقلاردىن ساقلانغان تەقدىردە ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان مۇكاپات ناھايىتى چوڭ بولۇپ، مال - مۈلكۈڭلار ۋە بالا - چاقاڭلار ئۇنىڭ يېنىدا ھېچ نەرسە ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تَتَّقُوا اللَّهَ يَجْعَلْ لَكُمْ فُرْقَانًا وَيُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
    ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ئاڭ ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش قابىلىيىتى بېرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە سەمىمىيلىك بىلەن بويسۇنساڭلار ۋە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا شۇنداق بىر قابىلىيەت پەيدا قىلىدۇكى، سىلەر ئۇ قابىلىيەت بىلەن ھەق بىلەن باتىلنى، پايدىلىق بىلەن زىيانلىقنى ۋە توغرا بىلەن خاتانى ئايرىيالايسىلەر؛ سىلەرگە شۇنداق بىر نۇسرەت ئاتا قىلىدۇكى، ئۇ سىلەر بىلەن دۈشمىنىڭلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ يامانلىقىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك ئىلتىپات ئىگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا 26 - ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئاجىز چاغلىرىدا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلەشكە بۇيرۇيدۇ. 30 ~ 33 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كافىرلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت نېمىتىنى ئەسلەشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇ كافىرلارنىڭ تەرسالىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. وَإِذْ يَمْكُرُ بِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِيُثْبِتُوكَ أَوْ يَقْتُلُوكَ أَوْ يُخْرِجُوكَ ۚ وَيَمْكُرُونَ وَيَمْكُرُ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى، ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ساڭا ھىيلە - مىكىر قىلغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى بەربات قىلغان ئىدى. ئاللاھ ھىيلە - مىكىرنى بەربات قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ سېنى كافىرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكىدىن ساقلىشىدىن ئىبارەت نېمىتىنى ئەسلىگىن. ئۇ چاغدا كافىرلار مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، يىغىندا سېنى قاماپ قويۇش، ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى يۇرتۇڭدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدا ھىيلە - مىكىر پىلانلىغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى بەربات قىلىپ، سېنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن قۇتقۇزۇشنى پىلانلىغان ئىدى. ئاللاھنىڭ پىلانى ئەڭ ياخشى، ئەڭ كۈچلۈك ۋە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان پىلان ئىدى. دەرۋەقە ئاللاھنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئېشىپ، سەن ئۇ كافىرلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ مەدىنىگە ساق - سالامەت ھىجرەت قىلدىڭ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا قَالُوا قَدْ سَمِعْنَا لَوْ نَشَاءُ لَقُلْنَا مِثْلَ هَٰذَا ۙ إِنْ هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بىز (بۇ سۆزلەرنى) ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايتتۇق، بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بىز (بۇ سۆزلەرنى) ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق، ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايتتۇق، بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، «ئاڭلىدۇق، خالىساق ئۇنداق سۆزنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلاتتۇق. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارنىڭ تەرسالىقىنى ئەسلىگىن: سەن ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇساڭ، ئۇلار: «ئاڭلىدۇق، خالىساق بۇنىڭ ئوخشىشىنى بىزمۇ سۆزلەيتتۇق. بۇ پەقەت ئاۋۋالقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىنلا ئىبارەت» دېگەن ئىدى. لېكىن ئۇلاردىن ھېچكىم قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى سۆزلىيەلمىدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاننى ھەر جەھەتتىن مۆجىزە قىلىپ نازىل قىلغان ۋە ئۇلارغا قۇرئاندا شۈبھىسى بولسا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش ھەققىدە جەڭ ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ جەڭ ئېلانى ئالدىدا ئاجىز كېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق يەنىلا شۇنداق سۆزنى قىلدى. ئۇنداقتا نېمىشقا قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرمىدى؟ ئۇلارنى ھېچكىمنىڭ تۇتۇۋالغىنى يوق. مەزكۇر جەڭ ئېلانى ھازىرمۇ، ھەتتا قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە. قېنى ئەنە مەيدان!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (8-سۈرە ئەنفال، 32-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    وَإِذْ قَالُوا اللَّهُمَّ إِنْ كَانَ هَٰذَا هُوَ الْحَقَّ مِنْ عِنْدِكَ فَأَمْطِرْ عَلَيْنَا حِجَارَةً مِنَ السَّمَاءِ أَوِ ائْتِنَا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ (يەنى قۇرئان) سېنىڭ تەرىپىڭدىن نازىل بولغان ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزنى قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىغىن!» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «ئى ئاللاھ، ئەگەر بۇ قۇرئان سېنىڭ تەرىپىڭدىن نازىل بولغان ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزنى قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىغىن!» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا: «ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ قۇرئان سېنىڭ تەرىپىڭدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب بولىدىغان بولسا، ئۈستىمىزگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزگە ئەلەملىك ئازاب كەلتۈرگىن» دېگەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (32-33) ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار تەرسالىق ۋە گەدەنكەشلىكتە شۇ ھالەتكە كەلگەن ئىدىكى، «ئى ئاللاھ! ئەگەر مۇھەممەدنىڭ ئوقۇغىنى ھەق بولىدىغان بولسا، ئۈستىمىزگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرغىن ياكى بېشىمىزغا ئەلەملىك ئازاب كەلتۈرگىن (مۇھەممەدنىڭ دىنىنىڭ غالىب كەلگەنلىكىنى كۆرگۈچە ھالاك بولۇپ كېتەيلى)» دېگەن ئىدى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى يەنىلا ئازابلىماي ئۇلارغا مۆھلەت بەرگەن ئىدى، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىۋاتقان مۇددەتتە ئۇلارنى ئازابلاش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە خىلاپ ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىستىغپار ئېيتىۋاتقانلار بولغان مۇددەت ئىچىدىمۇ ئۇلارنى ئازابلىمايتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئاجىز مۇئمىنلار بار بولۇپ، ئۇلار ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمْ وَأَنْتَ فِيهِمْ ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ مُعَذِّبَهُمْ وَهُمْ يَسْتَغْفِرُونَ
    سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ. ئۇلار ئىستىغفار ئېيتىپ تۇرغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  34. (8-سۈرە ئەنفال، 34-ئايەت) كاپىرلىق ھەرەم مەسجىدى
    وَمَا لَهُمْ أَلَّا يُعَذِّبَهُمُ اللَّهُ وَهُمْ يَصُدُّونَ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَمَا كَانُوا أَوْلِيَاءَهُ ۚ إِنْ أَوْلِيَاؤُهُ إِلَّا الْمُتَّقُونَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلار (باشقىلارنىڭ) مەسجىدى ھەرەمگە كىرىشىنى توسۇۋاتسا، ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردىن باشقىلار ئەمەستۇر، لېكىن (بۇنى) ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس تۇرۇپ، باشقىلارنى ھەرەم مەسجىدىگە كىرىشتىن توسۇۋاتسا، ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردۇر. لېكىن، (بۇنى) ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرەمدىن توسۇۋاتقان تۇرسا. ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ۋەلىيلىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ۋەلىيلىرى پەقەتلا تەقۋادارلاردۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ھازىر ئازابلىنىش ۋاقتى كەلدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)مۇ يوق، ئىستىغپار ئېيتىۋاتقان مۇئمىنلارمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا گۇناھ قىلىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەۋاتىدۇ. ئىنسانلارنى ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇشتىن، شېرىك كەلتۈرۈش، بۇتقا چوقۇش ۋە ئىبادەت قىلدۇق دەپ ئىسقىرتىش ۋە چاۋاك چېلىش بىلەن ھەرەم مەسجىدىنى پاسكىنا قىلىشتىن توختىغىنى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مۇشرىكلار ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس. ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىگىلىرى پەقەت ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشىلەردۇر. لېكىن مۇشرىكلارنىڭ تولىسى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنىڭ ھەرەم مەسجدىدە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. وَمَا كَانَ صَلَاتُهُمْ عِنْدَ الْبَيْتِ إِلَّا مُكَاءً وَتَصْدِيَةً ۚ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
    ئۇلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كاپىرلار!) كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ھەرەم مەسجىدىنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت بولدى. (ئى كافىرلار!) سىلەر كافىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ بەيتۇللاھنىڭ يېنىدىكى نامىزى پەقەت ئىسقىرتىش ۋە چاۋاك چېلىش ئىدى[5]. شۇڭا ئۇلارغا: «كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار ئىبادەت قىلدۇق دەپ بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپىدا ئەنە شۇ ناشايان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ ھالىڭلار ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت، ئۇنداقتا كۇفرىلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلەملىك ئازابنى تېتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (8-سۈرە ئەنفال، 36-ئايەت) كاپىرلىق ئاللاھ يولىدا خەجلەش
    إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ لِيَصُدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ فَسَيُنْفِقُونَهَا ثُمَّ تَكُونُ عَلَيْهِمْ حَسْرَةً ثُمَّ يُغْلَبُونَ ۗ وَالَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ جَهَنَّمَ يُحْشَرُونَ
    شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال ـ مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، كافىرلار مال ـ مۈلۈكلىرىنى باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كافىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، كافىرلار ماللىرىنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن خەجلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق خەجلەيدۇ، ئاندىن بۇ ئۇلار ئۈچۈن ھەسرەت بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. كافىرلار جەھەننەمگە يىغىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ «ئىقتىسادىي ئىبادىتى»گە كەلسەك، ئۇلار مال - مۈلكىمىزنى خەيرىيەت ئىشلىرىغا چىقىم قىلدۇق دەپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ چىقىم قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ مۇشرىكلار ماللىرىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)غا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قورال - ياراغ ۋە باشقا لازىمەتلەرنى ئېلىش، ياللانما ئەسكەر توپلاش، ئارقا سەپ تەمىناتىنى تولۇقلاش قاتارلىق يامان ئىشلارغا چىقىم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەيتۇللاھنىڭ ئەتراپىدا ئىبادەت دەپ قىلغان كۇفرىلىقى ئازابنى تېتىشىغا سەۋەبچى بولغاندەك، ئۇلارنىڭ بۇ چىقىملىرى ئۇلارنىڭ ھەسرەت - نادامەت چېكىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ماللىرى بىكارغا كېتىدۇ، ئۇلار شۇنچە كۆپ مال - مۈلۈك چىقىم قىلىپمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاقىۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ. كافىرلار (بۇ گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلماستىن كافىر پېتى ئۆلسە) قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. (8-سۈرە ئەنفال، 37-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    لِيَمِيزَ اللَّهُ الْخَبِيثَ مِنَ الطَّيِّبِ وَيَجْعَلَ الْخَبِيثَ بَعْضَهُ عَلَىٰ بَعْضٍ فَيَرْكُمَهُ جَمِيعًا فَيَجْعَلَهُ فِي جَهَنَّمَ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
    ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى دۇنيادا مەغلۇپ قىلىشى، ئاخىرەتتە جەھەننەمگە ھەيدىشى) كاپىرنى مۆمىندىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەممە كاپىرلارنى ئۈستى ـ ئۈستىگە دۆۋىلەپ توپلىغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلايدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى ناپاك ئادەمنى پاك ئادەمدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەممە ناپاك ئادەمنى ئۈستى-ئۈستىگە دۆۋىلەپ دوزاخقا تاشلاش ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئاللاھنىڭ ناپاكنى پاكتىن ئايرىشى، ناپاكنىڭ بەزىسىنى بەزىسىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ دۆۋىلەپ ئاندىن جەھەننەمگە تاشلىشى ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، كافىرلارنى دۇنيادا مەغلۇبىيەتكە، ئاخىرەتتە جەھەننەم ئازابىغا مەھكۇم قىلىشى، ياماننى ياخشىدىن ئايرىش ۋە يامانلارنى توپلاپ ھەممىسىنى جەھەننەمدە بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇ يامانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا 35 ~ 37 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ يامان ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. 38 ~ 40 - ئايەتلەردە ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ، تەۋبە قىلىش ۋە خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئالدىدا پۇرسەت بارلىقىنى ئەسلىتىدۇ. ناۋادا تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە ئىلگىرىكى گەدەنكەش قەۋملەرگە ئىجرا قىلىنغان ئۆزگەرمەس ئىلاھىي قانۇن (سۈننەتۇللاھ) بويىچە جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلارنى ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ۋاقتىنى بايان قىلىدۇ. ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن ئۇلار ناۋادا توختامغا رىئايە قىلمىسا، مۇئمىنلارنى يەنە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇلارغا نۇسرەت ۋەدە قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. قُلْ لِلَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ يَنْتَهُوا يُغْفَرْ لَهُمْ مَا قَدْ سَلَفَ وَإِنْ يَعُودُوا فَقَدْ مَضَتْ سُنَّتُ الْأَوَّلِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر بىلەن قايتا دۈشمەنلەشسە، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى (ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن) — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر بىلەن قايتا دۈشمەنلەشسە، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى (ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن) — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا ئېيتقىن: «ئەگەر ئۇلار دۈشمەنلىشىشتىن يانسا، ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار قايتا دۈشمەنلەشسە، بۇرۇنقىلارغا ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن قانۇنۇم ئۇلارغىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا شۇ سۆزنى يەتكۈزۈپ قويغىن: «ئەگەر ئۇلار شېرىك، كۇفرىلىق، ئاسىيلىق، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانغا قارشى كۈرەش قىلىش... قاتارلىق يامانلىقلاردىن توختاپ تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزلىرىنى تۈزەتسە، ئىلگىرى قىلغان بارلىق گۇناھ ۋە يامانلىقلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. ناۋادا يامانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئىلگىرىكى گۇناھكار قەۋملەرگە ئىجرا قىلىنغان قانۇن ئۇلارغا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇ قانۇن، توغرا يولنى كۆرستىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن خاتالىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى جازالاشنى بەلگىلەيدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (8-سۈرە ئەنفال، 39-ئايەت) جىھاد تەۋھىد
    وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ كُلُّهُ لِلَّهِ ۚ فَإِنِ انْتَهَوْا فَإِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار (يەنى ئىسلامغا داۋاملىق دۈشمەنلىك قىلىۋاتقانلار قىلمىشىدىن) يانسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    زىيانكەشلىك تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار (كۇفردىن) يانسا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىتنە تۈگىگەن ۋە دىن تامامەن ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار! ئەگەر ئۇلار يانسا، بىلسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرماقتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! يامانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئۇ كافىرلارنىڭ مۇئمىنلارغا قىلغان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىيىن - قىستاقلىرى تۈگەپ، ھەر مۇئمىن دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاش، دىنىنى ئۆگىنىش - ئۆگىتىش، دىنىغا باشقىلارنى دەۋەت قىلىش ۋە دىنىنى ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن يېيىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار يامانلىقلاردىن توختىسا سىلەرمۇ توختاڭلار. ئۇلارنىڭ نىيىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. وَإِنْ تَوَلَّوْا فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَوْلَاكُمْ ۚ نِعْمَ الْمَوْلَىٰ وَنِعْمَ النَّصِيرُ
    ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى! — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇ كافىرلار يۈز ئۆرۈسە، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچى!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئۇلار يامانلىقلاردىن توختاشتا سەمىمىي بولماي ئەھدىسىنى بۇزسا، شۇنداقلا قايتا يامانلىق قىلىشقا باشلىسا، بۇ تەقدىردە سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇلارغا قارشى سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر. ئاللاھ توغرا يولدا ماڭغانلار ئۈچۈن نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى ياردەمچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. وَاعْلَمُوا أَنَّمَا غَنِمْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە) بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر (يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان (بەدرى ئۇرۇشى بولغان) كۈندە بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان نەرسىلەرگە ئىشەنسەڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىلىڭلاركى، ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا خاستۇر، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ھەق بىلەن باتىل ئايرىلغان كۈندە، يەنى ئىككى قوشۇن توقۇنۇشقان كۈندە[6] بىز بەندىمىزگە چۈشۈرگەن نەرسىلەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا غەنىيمەتلەرنىڭ، ئۆزىنىڭ ھۆكمى ۋە ئەلچىسىنىڭ ئىجراسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئايەتكىچە غەنىيمەت ئېلىنىدىغان ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ھۆكۈم ۋە پىرىنسىپلارنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكمىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! بىلىڭلاركى، سىلەر غەنىيمەت ئالغان ھەر نەرسە مۇنداق تەقسىم قىلىنىدۇ: بەشكە بۆلۈنۈپ، بەشتىن بىرى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ تۇغقانلىرى، يېتىملەر، مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن ئايرىلىدۇ. قالغان تۆتى ئىچىڭلاردىن جەڭگە قاتناشقان مۇجاھىدلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغان كۈنى (بەدىر كۈنى)، يەنى مۇئمىنلار جامائەسى بىلەن كافىرلار جامائەسى توقۇنۇشقان كۈنى نازىل قىلغان پەرىشتە ۋە باشقا مۆجىزىلەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار، غەنىيمەتلەرنىڭ ئەنە شۇنداق تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىڭلار ۋە بۇ تەقسىماتقا رازى بولۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىپ نۇسرەت ئاتا قىلىشقا ۋە غەنىيمەتلەرگە ئىگە قىلىشقا قادىر بولغاندەك، ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئەسكەرتىش: غەنىيمەتنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلغىنى ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىش، دەۋەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي مۈلكىنى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش... قاتارلىق ياخشى ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈن ئايرىلغىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئايرىلغىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ (زاكات ئېلىش ھارام قىلىنغان) تۇغقانلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. يېتىملەر ئۈچۈن ئايرىلغىنى مۇسۇلمانلارنىڭ يېتىم بالىلىرى ئۈچۈن، مىسكىنلەر ئۈچۈن ئايرىلغىنى مۇسۇلمانلارنىڭ يوقسۇللىرى ئۈچۈن، يولۇچىلار ئۈچۈن ئايرىلغىنى موھتاج يولۇچىلارنىڭ يولۇچىلىق ئەسناسىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 41 - ئايەتتە مۇئمىنلار جامائەسى بىلەن مۇشرىكلار جامائەسىنىڭ توقۇنۇشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 42 ~ 44 - ئايەتلەردە ئۇ ئىككى جامائەنىڭ مەزكۇر تونۇقۇشنىڭ شەكلىنى، ئۇنى ئۆزىنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇئمىنلارنى ئۇ چاغدىكى نېمەتلىرىنى ئەسلەشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. إِذْ أَنْتُمْ بِالْعُدْوَةِ الدُّنْيَا وَهُمْ بِالْعُدْوَةِ الْقُصْوَىٰ وَالرَّكْبُ أَسْفَلَ مِنْكُمْ ۚ وَلَوْ تَوَاعَدْتُمْ لَاخْتَلَفْتُمْ فِي الْمِيعَادِ ۙ وَلَٰكِنْ لِيَقْضِيَ اللَّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولًا لِيَهْلِكَ مَنْ هَلَكَ عَنْ بَيِّنَةٍ وَيَحْيَىٰ مَنْ حَيَّ عَنْ بَيِّنَةٍ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَسَمِيعٌ عَلِيمٌ
    ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ ئازلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشرىكلارنى خار قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدرىدە مۇشرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)، ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، مۇشرىكلار قوشۇنى ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. ئەگەر سىلەر (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشقا) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ قويغان بولاتتىڭلار. لېكىن، ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن (سىلەرنى ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەلۋەتتە ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى سىلەر ۋادىنىڭ مەدىنىگە يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار يىراق تەرىپىدە ئىدى، سودا كارۋىنى بولسا، تۆۋەن تەرىپىڭلاردا ئىدى. ئەگەر ۋەدىلەشكەن بولساڭلارمۇ، ئۇلار بىلەن بۇ شەكىلدە ئۇچرىشالمايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى مۇشۇنداق ئۇچراشتۇردى. بۇ ھالاك بولغان كىشىنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھالاك بولۇشى، ھاياتتا قالغان كىشىنىڭمۇ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھاياتتا قېلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەسلەڭلاركى، «بەدىر كۈنى» سىلەر ۋادىنىڭ مەدىنىگە يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، مۇشرىكلار قوشۇنى ۋادىنىڭ مەدىنىگە يىراق تەرىپىدە ئىدى. مەككىلىكلەرگە تەۋە سودا كارۋىنى بولسا، سىلەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىڭلاردا، ۋادىنىڭ قىزىل دېڭىزغا يېقىن تەرىپىدە، سىلەرگە يېقىنلا بىر يەردە ئىدى. سىلەر مۇشرىكلار قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئۇ ۋادىدا ئۇچرىشىشنى ۋەدىلەشكەن بولساڭلارمۇ، ئۇلار بىلەن بۇ شەكىلدە ئۇچراشمىغان بولاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ، كافىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باتىل يولدا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىشى ۋە بايان قىلىدىغان ھېچبىر ئۆزرىسى قالماسلىقى، مۇئمىنلارنىڭ ئىلاھىي نۇسرەتكە بولغان ئىمانىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن سىلەرنى ئۇلار بىلەن ئەنە شۇنداق ۋاقىتسىز ئۇچراشتۇردى. ئاللاھ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، نىيەت ۋە ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. إِذْ يُرِيكَهُمُ اللَّهُ فِي مَنَامِكَ قَلِيلًا ۖ وَلَوْ أَرَاكَهُمْ كَثِيرًا لَفَشِلْتُمْ وَلَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ سَلَّمَ ۗ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ چۈشۈڭدە ساڭا ئۇلارنى (يەنى دۈشمەنلىرىڭنى) ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، سىلەرگە چوقۇم قورقۇنچ چۈشەتتى ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم دەتالاش قىلاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ (سىلەرنى مۇنداق قىلىشتىن) ساقلىدى. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ چۈشۈڭدە ساڭا دۈشمەنلىرىڭنى ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، سىلەرگە چوقۇم قورقۇپ كېتەتتىڭلار ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم دەتالاش قىلاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ (سىلەرنى بۇنداق قىلىشتىن) ساقلىدى. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ساڭا ئۇلارنى چۈشۈڭدە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە قورقۇپ بوشىشىپ كېتەتتىڭلار ۋە ئەلۋەتتە بۇ ئىش ئۈستىدە ئۆزئارا نىزا قىلىشاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ ساقلىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەسلىگىنكى، ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ دۈشمەننىڭ سانىنى چۈشۈڭدە ساڭا ئاز كۆرسەتكەن، سەن بۇنى مۇئمىنلارغا خەۋەر قىلغان ئىدىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىرادىسى كۈچەيگەن ۋە ئۇرۇش قىلىشقا جاسارەت قىلغان ئىدى. ئەگەر ئاللاھ ساڭا دۈشمەننىڭ سانىنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا ئىدى ۋە سەن بۇ ئەھۋالنى مۇئمىنلارغا خەۋەر قىلغان بولساڭ، قورقۇنچاقلىق قىلاتتىڭلار ۋە ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى بۇ قورقۇنچاقلىق ۋە ئىختىلاپتىن ساقلىدى، چۈنكى ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. وَإِذْ يُرِيكُمُوهُمْ إِذِ الْتَقَيْتُمْ فِي أَعْيُنِكُمْ قَلِيلًا وَيُقَلِّلُكُمْ فِي أَعْيُنِهِمْ لِيَقْضِيَ اللَّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولًا ۗ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
    ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، (دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلسۇن دەپ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە (سىلەرگە قارشى تەييارلىقتا بولمىسۇن دەپ) ئاز كۆرسەتتى. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (سىلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىڭلارنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئاز كۆرسەتتى. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارغا ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. سىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئاللاھنىڭ قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىدى. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەسلەڭلاركى، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەن چېغىڭلاردا ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتكەن، سىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئاللاھنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى ئۇرۇشقا قەدەم باستۇرۇپ، قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشنى (مۇئمىنلارنى غالىب، مۇشرىكلارنى مەغلۇپ قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىدى. ئالەمدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا 41 ~ 44 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنى، «بەدىر كۈنى» ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلەشكە بۇيرۇيدۇ. 45 ~ 49 - ئايەتلەردە بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن نۇسرەتكە ئېرىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا لَقِيتُمْ فِئَةً فَاثْبُتُوا وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
    ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! بىرەر قوشۇن بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! بىرەر دۈشمەن قوشۇنى بىلەن جەڭ مەيدانىدا توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا مۇرادىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئارقاڭلارغا چېكىنمەستىن ئۇرۇش قىلىڭلار. ئۇرۇش ئەسناسىدا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار يەنى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇللاھ» دېگەن زىكىر - تەسبىھلەرنى تىلىڭلارغا جارى قىلىڭلار، ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلغان مۇئمىنلارنى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇش مەيدانىدىن قاچقانلارغا غەزەپ قىلىدىغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ ۖ وَاصْبِرُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ
    (پۈتۈن سۆز- ھەرىكەتلىرىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، ئاجىزلىشىپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزئارا نىزا قىلىشماڭلار، بولمىسا قورقۇپ بوشىشىپ كېتىسىلەر ۋە شامىلىڭلار كېتىپ قالىدۇ[7]. سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار يەنى باشقا ئىشلاردىمۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئۇرۇش جەريانىدىمۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە نۇسرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش شەرت. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئاللاھنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىسىلەر، شۇنداقلا رەھمەتكە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىنى ئورۇندىغان بولىسىلەر ۋە ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلمىغان بولىسىلەر. ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشتە، تۈزۈلگەن پىلان بويىچە ئۇرۇش قىلىشتا ۋە ئۇرۇش قىلىش ئەسناسىدا تالاش - تارتىش قىلىشماڭلار، ئەكسى تەقدىردە شەۋكىتىڭلار يوقىلىدۇ ۋە يېڭىلىپ كېتىسىلەر. سەۋر قىلىڭلار يەنى جەڭ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئاداققىچە ئۇرۇش قىلىڭلار. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدە «شەۋكەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «رىيھ - ريح» بولۇپ، ئۇ كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسى شامال دېگەن بولىدۇ. بۇ كەلىمىگە تەپسىرلەردە كۈچ - قۇۋۋەت، زەپەر، دۆلەت دېگەن مەجازىي مەنىلەر ۋە ھەقىقىي مەنىسى بولغان شامال دېگەن مەنە بېرىلىدۇ. كەلىمىگە باشتىكى مەجازىي مەنىلىرى بېرىلسە، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، «ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، تالاش - تارتىش قىلىشماڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلمىساڭلار، ئۆزئارا تالاش - تارتىش قىلىشساڭلار، روھىڭلار چۈشۈپ كېتىدۇ، جاسارىتىڭلار قالمايدۇ، شۇنداقلا قۇچقان زەپىرىڭلار، قۇرغان دۆلىتىڭلار ۋە قازانغان غەلىبەڭلار قولۇڭلاردىن كېتىپ قالىدۇ. يەنى سىلەر تۈگىشىپ كېتىسىلەر» دېگەن بولىدۇ. ئەگەر كەلىمىگە ھەقىقىي مەنىسى بېرىلسە ئايەتنىڭ مەنىسى، «ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، تالاش - تارتىش قىلىشماڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلمىساڭلار، ئۆزئارا تالاش - تارتىش قىلىشساڭلار، شامىلىڭلار توختاپ قالىدۇ، يەنى سىلەرگە ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى ئېلىپ كېلىدىغان شامال كەلمەيدۇ، نەتىجىدە جەڭدە يېڭىلىپ كېتىسىلەر» دېگەن بولىدۇ. بۇ ھەقىقىي مەنىنى تۆۋەندىكى رىۋايەت كۈچلەندۈرىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا شەرق شامىلى بىلەن ياردەم بېرىلدى، ئاد قەۋمى غەرب شامىلى بىلەن ھالاك قىلىندى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. (8-سۈرە ئەنفال، 47-ئايەت) مىننەت (رىيا) ئىخلاس كىبىر
    وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ خَرَجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بَطَرًا وَرِئَاءَ النَّاسِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
    يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەرگە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇرتلىرىدىن كۆرەڭلىك قىلغان ۋە ئىنسانلارغا رىيا قىلغان ھالەتتە چىققان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولماڭلار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرماقتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىخلاس بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار يەنى سىلەر مەككە مۇشرىكلىرىدەك، چوڭچىلىق قىلىش ياكى قەھرىمانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئۇرۇش قىلىڭلار، چۈنكى جىھاد ئىبادەتتۇر، ئىخلاسسىز ئىبادەت قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇرۇشقا چىققان چېغىڭلاردا، كۆرەڭلىگەن، ئىنسانلارغا ئۆزىنى كۆرسەتكەن، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ھالدا چىققان مۇشرىكلاردەك بولماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. وَإِذْ زَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ وَقَالَ لَا غَالِبَ لَكُمُ الْيَوْمَ مِنَ النَّاسِ وَإِنِّي جَارٌ لَكُمْ ۖ فَلَمَّا تَرَاءَتِ الْفِئَتَانِ نَكَصَ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ وَقَالَ إِنِّي بَرِيءٌ مِنْكُمْ إِنِّي أَرَىٰ مَا لَا تَرَوْنَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ ۚ وَاللَّهُ شَدِيدُ الْعِقَابِ
    ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارغا (قەبىھ) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «ھېچقانداق كىشى سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە مەدەتكار» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا شەيتان ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «مەن سىلەردىن ئادا ـ جۇدامەن ، سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى ھەقىقەتەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، مەن راستتىنلا ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «ھېچقانداق كىشى بۈگۈن سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە مەدەتكار» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا شەيتان ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «مېنىڭ سىلەر بىلەن ھىچ ئالاقەم يوق، سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى مەن ھەقىقەتەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، مەن راستتىنلا ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «بۈگۈن ئىنسانلاردىن سىلەرنى يېڭىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. مەن سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلارمەن» دېگەن ئىدى. لېكىن شەيتان ئىككى قوشۇن بىر - بىرىنى كۆرۈشكەندە ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «شۈبھىسىزكى، مەن سىلەردىن ئادا - جۇدامەن، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ جازالىشى قاتتىقتۇر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، شەيتانغا ئالدىنىپ ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمىتىنى ئۇنتۇغان ئادەملەر (مۇشرىكلار)دەك بولماڭلار، ئەكسى تەقدىردە ئىخلاستىن ئايرىلغان بولىسىلەر. شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، مۇشرىكلار ئۇرۇشقا ماڭغاندا شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتكەن ۋە: «بۈگۈن سىلەرنى ھېچكىم يېڭىلمەيدۇ، مەن سىلەرگە ياردەم قىلىمەن» دېگەن ئىدى، لېكىن ئىككى قوشۇن (سىلەر بىلەن مۇشرىكلار) بىر - بىرىنى كۆرگەن چاغدا ئۇ (شەيتان) مۇئمىنلارنىڭ يېنىدىكى پەرىشتىلەرنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، ھىيلىسى بەربات بولدى. شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلارنى كۈشكۈرتۈشتىن توختىدى، ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «مەن سىلەردىن ئادا - جۇدامەن، مەن سىلەر كۆرمەيۋاتقان نەرسىلەر (پەرىشتىلەر)نى كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھ ئازابلىشى بەق قاتتىق زاتتۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (8-سۈرە ئەنفال، 49-ئايەت) مۇناپىقلىق ئاللاھقا ئىشىنىش
    إِذْ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ غَرَّ هَٰؤُلَاءِ دِينُهُمْ ۗ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
    ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلارنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى) ئۇلارنىڭ دىنى ئالدىدى (يەنى مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىغا مەغرۇر بولۇپ، ئۆزلىرىنى يېڭىلمەس دەپ گۇمان قىلىپ، ئاز سانلىق تۇرۇقلۇق كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقتى)» دېدى. كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىدۇ). چۈنكى ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلار (يەنى مۇسۇلمانلار) نى ئۆزىنىڭ دىنى مەغرۇرلاندۇردى (يەنى ئۇلار ئۆزىنى يېڭىلمەس دەپ قاراپ، كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشتى)» دېگەن ئىدى. كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئەسنادا مۇنافىقلار ۋە قەلبلىرىدە كېسەل بولغانلار: «ئۇلارنى دىنى ئالدىدى» دەيتتى[8]. كىم ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! شۇنىمۇ ئېسىڭلارىدن چىقارماڭلاركى، ئۇ چاغدا (بەدىر غازىتى ئەسناسىدا) مۇنافىقلار ۋە دىللىرىدا كېسەللىك بولغان كىشىلەر سىلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم تۇرغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ ۋە سىلەرگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ بىر - بىرىگە: «شۇ ئادملەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى ئالداپ بۇ مەيدانغا كەلتۈردى» دېدى. ئۇ مۇنافىقلار ۋە دىلىدا كېسەللىك بولغانلار، ئاللاھقا تايانغان ۋە ئاللاھنىڭ نۇسرەت ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىپ قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلغان كىشىگە، ئاللاھنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بۇنىڭغا قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللانىڭ پىلانىنىڭ پۇختا، ئىشىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىدى. ئاللاھ تائالا 47 - ۋە 48 - ئايەتلەردە مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىن چىققان چاغدىكى ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ. 50 ~ 54 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ كافىرلارنىڭ ئۆلۈم ئەسناسىدىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كۇفرىلىق ۋە تەرسالىقتىكى ئادىتىنى ئۆز ۋاقتىدىكى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كافىرلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشىتىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ يَتَوَفَّى الَّذِينَ كَفَرُوا ۙ الْمَلَائِكَةُ يَضْرِبُونَ وُجُوهَهُمْ وَأَدْبَارَهُمْ وَذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
    پەرىشتىلەر (بەدرى ئۇرۇشىدا) كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). (پەرىشتىلەر ئۇلارغا): «دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» (دەيتتى) — مۇھەممەد سالىھ

    پەرىشتىلەر (بەدرى ئۇرۇشىدا) كافىرلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇپ، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» دەپ جانلىرىنى ئېلىۋاتقان ھالەتنى كۆرگەن بولساڭ، (ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ) — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ئۇ كافىرلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋاپات قىلدۇرغان چاغدىكى ئەھۋالىنى بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇ ئەسنادا پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار. ‏ — ئەنەس ئالىم

    (50-51) ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ كافىرلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋاپات قىلدۇرۇۋاتقان چاغدىكى دەھشەتلىك ئەھۋالىنى كۆرگەن بولساڭ، ناھايىتى قورقۇنچلۇق مەنزىرە كۆرگەن بولاتتىڭ. پەرىشىتىلەر ئۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرىدۇ، ئۇلارغا «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار. بۇنىڭ سەۋەبى ئۆز قىلمىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئادىل بولۇشى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
    بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ قىلمىش جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى سادىر قىلغان جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلچە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەسلىكىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئۆز قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ھەمدە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

  52. كَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ ۙ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ شَدِيدُ الْعِقَابِ
    (بۇ كاپىرلارنىڭ گۇناھ قىلىش ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلغان ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەھۋالى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرىنىڭ سەۋەبىدىن جازالىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، جازالىشى بەك قاتتىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقتىكى ئەھۋالى، ئۆز ۋاقتىدىكى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە تارىختا ئۆتكەن گەدەنكەشلەرنىڭ كۇفرىلىقتىكى ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغان، ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازالىغان، چۈنكى ئاللاھ ئۆز ھۆكمىنى ئىجرا قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان، تېگىشلىك بولغان كىشىنى قاتتىق جازالايدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ لَمْ يَكُ مُغَيِّرًا نِعْمَةً أَنْعَمَهَا عَلَىٰ قَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ ۙ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    بۇ (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ئازابىڭ چۈشۈشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ بىرەر قەۋمگە ئىنئام قىلغان نېمىتىنى، ئۇ قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ كافىرلارغا ئەنە شۇ جازالارنى بېرىشىنىڭ سەۋەبى، ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادا بىرەر قەۋمگە ئاتا قىلغان ئامانلىق، پاراۋانلىق ۋە تەن سالامەتلىككە ئوخشاش نېمىتىنى ئېلىۋېلىپ، ئورنىغا تىنچسىزلىق، قىيىنچىلىق ۋە كېسەللىككە ئوخشاش بالا ئەۋەتىشى، ئۇ قەۋمنىڭ شۈكۈرنى كۇفرىلىق، ئىماننى ئىنكار ۋە ئىتائەتنى ئاسىيلىق بىلەن ئۆزگەرتىشىگە باغلىق قىلىشىدۇر. ئاللاھ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، نىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا كىم نېمىگە لايىق بولسا، ئۇنىغا شۇنى نېسىپ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. كَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ ۙ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَذَّبُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ فَأَهْلَكْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ وَأَغْرَقْنَا آلَ فِرْعَوْنَ ۚ وَكُلٌّ كَانُوا ظَالِمِينَ
    (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، پىرئەۋن جامائەسىنى (دېڭىزغا) غەرق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى (كۇفرىلىق ۋە گۇناھ قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى (قەۋم) بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى. گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، پىرئەۋن جامائەسىنى (دېڭىزغا) غەرق قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەھۋالى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئىدى. بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلدۇق ۋە فىرئەۋن خانىدانىنى غەرق قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زالىم كىشىلەر ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىشتىكى ئەھۋالى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق كافىرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىغاندەك، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشتا ۋە ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا ئەزۋەيلەشتىكى ئەھۋالىمۇ فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كافىرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن پەرقلىق ئازاب بىلەن جازالىدى، جۈملىدىن فىرئەۋن خانىدانىنى دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىپ جازالىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى زالىم بولۇپ، جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئىدى. ئاللاھ تائالا تائالا 45 ~ 54 - ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئاقىۋىتىنى ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئۇلارغا قارشى قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى بىلدۈرىدۇ. 55 ~ 59 - ئايەتلەردە بولسا، باشقا بىر تۈرلۈك كافىرلارنى تونۇتىدۇ، ئۇلارغا قارشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (8-سۈرە ئەنفال، 55-ئايەت) كاپىرلىق
    إِنَّ شَرَّ الدَّوَابِّ عِنْدَ اللَّهِ الَّذِينَ كَفَرُوا فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلاردۇركى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى كۇفرلىقتا چىڭ تۇرغانلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى كافىر بولغانلاردۇر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى، كافىر بولغان ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ئىمان ئېيتمايدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. (8-سۈرە ئەنفال، 56-ئايەت) سۈلىھلەر ۋەدىگە ۋاپا
    الَّذِينَ عَاهَدْتَ مِنْهُمْ ثُمَّ يَنْقُضُونَ عَهْدَهُمْ فِي كُلِّ مَرَّةٍ وَهُمْ لَا يَتَّقُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم كىشىلەر بىلەن (مۇشرىكلارغا ياردەم بەرمەسلىكلىرى ئۈستىدە) مۇئاھىدە تۈزدۈڭ، ئۇلار بولسا ھەر قېتىمدا مۇئاھىدىسىنى بۇزىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن قورقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم كىشىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزسەڭ، ئۇلار ئاللاھتىن قورقماي، ھەر قېتىمدا كېلىشىمنى بۇزىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سەن ئەھدە تۈزۈشكەندىن كېيىن ھەر قېتىمدا ھېچ تارتىنماستىن ئەھدىسىنى بۇزىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار سەن بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق ۋە ساڭا قارشى ھېچكىمگە ياردەم بەرمەسلىك توغرىسىدا ساڭا ئەھدە بېرىپ، ئاندىن ھەر قېتىمدا ئەھدىسىنى بۇزۇپ كەلگەن ۋە ئەھدىسىنى بۇزۇشنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (8-سۈرە ئەنفال، 57-ئايەت) ئۇرۇش قائىدىلىرى ئۆزىنى قوغداش
    فَإِمَّا تَثْقَفَنَّهُمْ فِي الْحَرْبِ فَشَرِّدْ بِهِمْ مَنْ خَلْفَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
    ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، ئارقىدىكىلىرىنىڭ قېچىشى ۋە ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق جازالىغىن (يەنى ئۇلارنى باشقىلارغا ئىبرەت قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا دەرمانى قالمىسۇن) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالساڭ، ئۇلارنى قاتتىق جازالاش ئارقىلىق ئارقىدىكىلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكىن، (بۇنىڭدىن) ئۇلار ئىبرەت ئالسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇڭا ئەگەر ئۇلارنى ئۇرۇشتا تۇتۇۋالساڭ، ئۇلارنى ئارقىلىرىدىكىلەر ئۈركۈپ قاچقۇدەك شەكىلدە جازالىغىن، ئويلىنىشى مۇمكىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئەھدىسىنى بۇزغان ئۇ كافىرلار بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلسەڭ، ئۇلارنى شۇنداق جازالىغىنكى، باشقا كافىرلار ئىبرەت ئالسۇن، چۆچىسۇن ۋە ئەھدىسىنى بۇزۇشنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. (8-سۈرە ئەنفال، 58-ئايەت) سۈلىھلەر ۋەدىگە ۋاپا
    وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِنْ قَوْمٍ خِيَانَةً فَانْبِذْ إِلَيْهِمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْخَائِنِينَ
    ئەگەر سەن (مۇئاھىدە تۈزگەن) قەۋمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى) سەزسەڭ، مۇئاھىدىسىنى ئۇلارغا ئوچۇق ـ يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن (يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن). ئاللاھ ھەقىقەتەن خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سەن بىرەر قەۋمنىڭ كېلىشىمگە ۋاپاسىزلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىسەڭ، ئۇلارنىڭ كېلىشىمىنى ئۆزىگە ئوچۇق ـ يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ۋاپاسىزلارنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىرەر قەۋمنىڭ خائىنلىق قىلىشىدىن ھەقىقەتەن قورقساڭ، ئۇلارغا ئەھدىسىنى ئوچۇقچە تاشلاپ بەرگىن. ئاللاھ خائىنلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن ئاراڭلاردا ئەھدە بولغان بىرەر قەۋمنىڭ بەزى سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزىدىغانلىقىنى ھېس قىلساڭ ۋە بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن ئەندىشە قىلساڭ، ئۇلارغا ئاراڭلاردىكى ئەھدىنى بىكار قىلغانلىقىڭنى ئېلان قىلغىن، ئۇلار بۇنى بىلسۇن ۋە ساڭا خائىنلىق قىلالمىسۇن. مۇشۇنداق قىلساڭلار ھەم ئۇلارغا تېگىشلىك جازا بەرگەن بولىسىلەر، ھەمدە سىلەر خائىنلىق قىلمىغان بولىسىلەر . بىلىڭلاركى، ئاللاھ خائىنلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. (8-سۈرە ئەنفال، 59-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كاپىرلىق
    وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَبَقُوا ۚ إِنَّهُمْ لَا يُعْجِزُونَ
    (بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلمەي قالغان) كاپىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ جازاسىدىن) ھەقىقەتەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (بەدرى ئۇرۇشىدا تىرىك قالغان) كافىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار قېچىپ قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن. ئۇلار ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلار خائىنلىق ۋە ۋاپاسىزلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئويلىمىسۇن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەسكەرتىش: تەپسىر ئالىملىرىنىڭ بەزىسى ھەر قېتىم ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان بۇ كافىرلار، مەدىنىدىكى بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ۋە ئۇلارغا ئوخشاش ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان باشقا كافىر گۇرۇھلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. بەزى مۇپەسسىرلەر، ھەتتا كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر بۇ ھەقتە بۇنداق دەيدۇ: ئۇلار بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى بولۇپ، بۇ يەھۇدىيلار بەدىر ئۇرۇشىدا مەككە مۇشرىكلىرىغا قورال - ياراغ ياردىمى قىلىش بىلەن ئەھدىسىنى بۇزغان، خەندەك ئۇرۇشىدىمۇ يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزۇپ، مەككىگە مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ مۇشرىكلار بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن ۋە بىرلەشكەن قوشۇنغا قورال - ياراغ ياردىمى قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
    دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇلار بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر[9]. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا نېمە چىقىم قىلساڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا 54 ~ 59 - ئايەتلەردە مەككە مۇشرىكلىرى، يەھۇدىيلار، مۇنافىقلار ۋە باشقا بارلىق ئىسلام دۈشمەنلىرىنى ۋە ئۇلارغا قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇئامىلىنى بىلدۈرگەن كېيىن، بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارنى، خۇسۇسەن مۇسۇلمان رەھبەرلەرنى ئۇ دۈشمەنلەرنى ئىسلام دىيارىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ۋە مۇسۇلمانلارغا چېقىلىشتىن تەپ تارتقۇزىدىغان سەۋىيىدە ۋە مىقداردا قورال - ياراغلارنى تەييارلاشقا ۋە ئۇلارنى دۈشمەنگە ئاتىدىغان قوشۇنلارنى، بولۇپمۇ ئاتلىق قىسىم يېتىشتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. رىۋايەت قىلىنىدۇكى: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنبەر ئۈستىدە «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت تەييارلاڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇ ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۈچ قېتىم: «ئاگاھ بولۇڭلاركى، قۇۋۋەت - ئاتماقتۇر» دېگەن. ئاتماق - ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا ماس كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورىلارنى، شۇنداقلا ئۇلارنى دۈشمەنگە قارشى ئىشلىتىش ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئى مۇئمىنلار! سىلەرنى يوق قىلىش، دىنىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە يۇرتۇڭلارنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇنىدىغان دۈشمەنلىرىڭلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورىلارنى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئېلىپ بارىدىغان ھەر خىل قاتناش ۋاسىتىلىرى (زامانىۋى تانكا، ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ۋە باشقا بارلىق ئەسكىرىي ماشىنىلار)نى ياساڭلار. ئۇلارنى ئېتىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرىنى، پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملارغا ئايرىلغان ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرۈڭلار ۋە يېتەرلىك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇڭلار. پۈتۈن بۇ تەييارلىقىڭلار ئىسلامنىڭ ۋە سىلەر (مۇسۇلمانلار)نىڭ ئاشكارا - يوشۇرۇن بارلىق دۈشمەنلىرىنى قورقۇتىدىغان ھالەتتە بولسۇن. ئەنە شۇ ئىشلار ئۈچۈن ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ قىلغان بارلىق چىقىملىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «قورقۇتىسىلەر» دېگەن مەنىدىكى «تۇرھىبۇنە - تُرْهِبُونَ» دېگەن پېئىل «بىھى (بِهِ)» دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە «پېئىللىق جۈملە ھالەت» بولۇپ، ھاللانغۇچىسى (ساھىبۇلھال) «ئەئىددۇ - أَعِدُّوا» پېئىلىنىڭ ئىگىسى (پائىلى) بولغان «سىلەر» ياكى تولدۇرغۇچىسى (مەپئۇلى) بولغان «نەرسە - قۇۋۋەت»دۇر. «بىھى (بِهِ)»دىكى ئالماش (زەمىر) ئۇ «نەرسە - قۇۋۋەت»نى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا مەزكۇر «پېئىللىق جۈملە ھالەت»نىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: «ئى مۇئمىنلار! سىلەر دۈشمەنلەر ئۈچۈن قۇۋۋەت تەييارلىغان چېغىڭلاردا ئۇ قۇۋۋەت بىلەن ئىسلامنىڭ ۋە سىلەر (مۇسۇلمانلار)نىڭ ئاشكارا - يوشۇرۇن بارلىق دۈشمەنلىرىنى قورقىتىدىغان ھالەتتە بولۇڭلار ياكى ئۇ قۇۋۋەت مەزكۇر دۈشمەنلەرنى قورقۇتىدىغان ھالەتتە تەييارلانسۇن». دېمەككى، ھەر ئىككى ئېھتىمالدا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىدىغان نەرسە، تەييارلانغان قورال - ياراغلار ۋە ئەسكىرىي كۈچتۇر. ئاللاھ تائالا 60 - ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئىسلامنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاشكارا - يوشۇرۇن بارلىق دۈشمەنلىرىنى قورقىدىغان ھالەتتە ھەر تۈرلۈك قورا- ياراغ، ئوق - دورا ۋە ئەسكىرىي قوشۇنلارنى تەيياشلاشقا بۇيرۇيدۇ. 61 ~ 63 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇرۇشتىن قول يىغىپ تىنچلىق تەلەپ قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ بۇ تەلىپىنى قوماندان سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ناۋادا تىنچلىق تەلىپى قىلغان بولۇپ، بىرەر ھىيلە - مىكىر قىلماقچى بولسا، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىلگىرى قىلغان ياردىمىنى ئەسلىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. وَإِنْ جَنَحُوا لِلسَّلْمِ فَاجْنَحْ لَهَا وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
    ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر سىلەر (مۇئمىنلار) بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە بولغان دۈشمەنلەر ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ سەندىن تىنچلىق تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزگىن - چۈنكى ئۇرۇش ئاساسىي مەقسەت ئەمەس، ئەكسىچە ئۇرۇش ئۇلارنىڭ تاجاۋۇز ۋە خەتىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ -، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىر قىلىشىدىن قورقمىغىن، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. وَإِنْ يُرِيدُوا أَنْ يَخْدَعُوكَ فَإِنَّ حَسْبَكَ اللَّهُ ۚ هُوَ الَّذِي أَيَّدَكَ بِنَصْرِهِ وَبِالْمُؤْمِنِينَ
    ئەگەر ئۇلار (تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) شەكسىز ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار (سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ (پاناھ بولۇشقا) شەكسىز ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ سېنى ئۆزنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سېنى نۇسرىتى بىلەن ۋە مۇئمىنلار بىلەن كۈچلەندۈردى، — ئەنەس ئالىم

    ناۋادا ئۇلار تىنچلىق تەلىپى قىلغان بولۇپ، ساڭا بىرەر ھىيلە - مىكىر قىلىماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىنى سەندىن دەپئى قىلىشقا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ سېنى ئىلگىرىمۇ ئۆز نۇسرىتى بىلەن ۋە مۇئمىنلار بىلەن قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. وَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ ۚ لَوْ أَنْفَقْتَ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مَا أَلَّفْتَ بَيْنَ قُلُوبِهِمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ أَلَّفَ بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
    ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن زېمىندىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ؛ لېكىن ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرەت كامىلەسى بىلەن) ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتىڭ، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈردى. ئەگەر سەن زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى خەجلىگەن بولساڭمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈردى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇئمىنلار ئەسلىدە بىر - بىرى بىلەن دۈشمەن، ئۆزئارا چېچىلاڭغۇ ۋە پىرقىلەرگە بۆلۈنگەن ھالەتتە ئىدى. ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ ئۇلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئارا دوست، بىر - بىرى بىلەن قېرىنداش، سېنىڭ ئەتراپىڭدا بىرلەشكەن ئۇممەت، يولۇڭدا جان - مېلىنى پىدا قىلىدىغان مۇخلىسلارغا ئايلاندى. ئى مۇھەممەد! ئەگەر يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل بايلىقلار سېنىڭ بولۇپ، سەن ئۇلارنى خەجلىگەن بولساڭمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئارىسىنى ئۇنداق بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ، لېكىن ئاللاھ ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈردى، چۈنكى ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان، بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز ھېكمىتى بويىچە پىلانلايدىغان زاتتۇر. ئاللاھ تائالا 60 ~ 63 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى، دۈشمەنلەرنى قورقۇتىدىغان ھالەتتە قورال - ياراغ تەييارلاشقا ۋە ئەسكەر يېتىشتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تىنچلىق كېلىشىمى تەلەپ قىلغان دۈشمەنلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ. تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش بىلەن خائىنلىق قىلماقچى بولغانلارغا ئۆزىنىڭ تېتىيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىلگىرى قىلغان ياردەم ۋە نېمەتلىرىنى ئەسلىتىىدۇ. 64 ~ 66 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان مۇئمىنلارغا ئۆزىنىڭ يېتەرلىك ياردەمچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، مۇئمىنلارنى جەڭگە تەرغىب قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئاندىن جەڭدە غالىب كېلىش جەڭچىلەرنىڭ سانىغا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىمان، ماھارەت، سەۋر ۋە غەيرىتىدىن ئىبارەت سۈپىتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ سۈپەتتىكى جەڭچىلەرگە غەلىبىنىڭ بېشارىتىنى بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَسْبُكَ اللَّهُ وَمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
    ئى پەيغەمبەر! (يالغۇز) ئاللاھ ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭىمۇ ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگىمۇ يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلارغا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبى! بارلىق دۈشمەنلەرگە قارشى، ساڭا ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭ بولغان مۇئمىنلارغا ئاللاھ يېتەرلىك ياردەمچى ۋە ھېمايىچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. (8-سۈرە ئەنفال، 65-ئايەت) جىھاد پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى
    يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ عَلَى الْقِتَالِ ۚ إِنْ يَكُنْ مِنْكُمْ عِشْرُونَ صَابِرُونَ يَغْلِبُوا مِائَتَيْنِ ۚ وَإِنْ يَكُنْ مِنْكُمْ مِائَةٌ يَغْلِبُوا أَلْفًا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَفْقَهُونَ
    ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) 200 نى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن 1000 نى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار (جاھىل) قەۋم بولۇپ، چۈشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (دۈشمەنلەرگە قارشى) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) ئىككى يۈزنى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) يۈز ئادەم بولىدىغان بولسا، كافىرلاردىن مىڭنى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھۇشيار قەۋم ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلغىن. ئەگەر سىلەردىن سەۋر - تاقەتلىك يىگىرمە كىشى بولسا، ئىككى يۈز كافىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن يۈز كىشى بولسا، مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ. چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبى! مۇئمىنلارنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرغىن. ئەگەر سىلەر (مۇئمىنلار)دىن مەيداندا ئاخىرىغىچە چىداپ ئۇرۇشىدىغان يىگىرمە كىشى بولسا ئىككى يۈز كافىرغا غالىب كېلىدۇ، يۈز كىشى بولسا مىڭ كافىرغا غالىب كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دۈشمەن تەرەپنىڭ بىلىمسىز، تەجرىبىسىز، سەۋرسىز ۋە قالاق ئادەملەردىن تەركىب تاپقان بولۇشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. (8-سۈرە ئەنفال، 66-ئايەت) جىھاد ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى
    الْآنَ خَفَّفَ اللَّهُ عَنْكُمْ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمْ ضَعْفًا ۚ فَإِنْ يَكُنْ مِنْكُمْ مِائَةٌ صَابِرَةٌ يَغْلِبُوا مِائَتَيْنِ ۚ وَإِنْ يَكُنْ مِنْكُمْ أَلْفٌ يَغْلِبُوا أَلْفَيْنِ بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ
    ئاللاھ ئەمدى سىلەرنىڭ (يۈكۈڭلارنى) يىنىكلەتتى، سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلدى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، 200 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 1000 ئادەم بولىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن 2000 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ. ئاللاھ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەمدى سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلەتتى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يۈز ئادەم بولىدىغان بولسا، ئىككى يۈز (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) مىڭ ئادەم بولىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىككى مىڭ (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ. ئاللاھ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمدى ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يېنىكلەتتى، سىلەردە ئاجىزلىق بارلىقىنى بىلدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلەردىن سەۋر - تاقەتلىك يۈز كىشى بولسا، ئىككى يۈز كافىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن مىڭ كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىككى مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ. ئاللاھ سەۋر - تاقەت قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ھازىر ئۇ ھۆكۈمنى يەڭگىللەتتى، چۈنكى ئاجىزلاشتىڭلار. شۇڭلاشقا بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلەردىن سەۋرلىك يۈز كىشى ئىككى يۈز كافىرغا غالىب كېلىدۇ، مىڭ كىشى ئىككى مىڭ كافىرغا غالىب كېلىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلارغا ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: سەۋرلىك بىر مۇئمىننىڭ ئون كافىرغا تەڭ كېلىدىغانلىقى مۇئمىنلار ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك بولغاندىكى ئەڭ ئالىي مەرتىۋىدۇر. مۇئمىنلار ئاجىز بولغاندا سەۋرلىك بىر مۇئمىننىڭ ئىككى كافىرغا تەڭ كېلىدىغانلىقى بولسا، مۇئمىنلار ئاجىز بولغاندىكى تۆۋەن مەرتىۋىدۇر. يەنى بىرىنچىسى ئىشنىڭ ئەۋزەل تەرىپى، ئىككىنچىسى رۇخسەت تەرىپى بولۇپ، ئەسلىدە مۇئمىنلار ھەر جەھەتتىن كۈچىيىپ، بىر مۇئمىن ئون كافىرغا تېتىيدىغان ھالەتتە بولۇشى لازىم، لېكىن ئۇلار بىر مۇئمىن ئىككى كافىرغا تەڭ كېلىدىغان ھالەتتە ئاجىز بولسىمۇ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا، ئۆز ۋاقتىدا، مەككىلىكلەرنىڭ سودا كارۋىنىنى توسۇشنى نىيەت قىلىپ مەدىنىدىن چىققان مۇئمىنلارنى مەككىلىكلەرنىڭ قوشۇنى بىلەن «بەدىر»دە ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويغان ۋە ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك ياردەمنى بېرىپ، كافىرلارنىڭ كاللىسىنى ۋە قول - پۇتلىرىنى چېپىشقا بۇيرۇغان. ئەمما مۇئمىنلار مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىنى ۋە باشقا بىرقانچە كىشىنى ئەسىرگە ئالغان ۋە ئۇلاردىن فىديە ئېلىپ قويۇپ بەرگەن. ئاللاھ تائالا 67 ~ 69 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا بۇ ۋاقىتسىز ئەسىرگە ئېلىشنىڭ، ئەسىرلەردىن فىديە ئېلىشنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئەيىبلەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ئەسىرلەردىن ئالغان فىديەلەر (قويۇپ بېرىش بەدىلىگە ئالغان ماللار)نى يېيىشكە رۇخسەت بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. (8-سۈرە ئەنفال، 67-ئايەت) جىھاد ئۇرۇش قائىدىلىرى
    مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَكُونَ لَهُ أَسْرَىٰ حَتَّىٰ يُثْخِنَ فِي الْأَرْضِ ۚ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللَّهُ يُرِيدُ الْآخِرَةَ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
    پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىدىيە (يەنى تۆلەم) ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىدىيە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر قانداق پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك يوقاتماي تۇرۇپ، (فىديىنى كۆزلەپ) ئەسىرگە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر دۇنيا مەنپەئىتىنى كۆزلەيسىلەر، ئاللاھ بولسا سىلەرگە ئاخىرەت (ساۋابىنى) كۆزلەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھېچبىر نەبىينىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئەسىرلىرىنىڭ بولۇشى توغرا ئەمەس ئىدى. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ، دۈشمەنلىرىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەستىن ئۇلاردىن ئەسىر ئېلىشى توغرا ئەمەس ئىدى. لېكىن ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! سىلەر «بەدىر غازىتى»دا بۇ توغرا ئەمەس ئىشنى قىلدىڭلار. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىنى ئىرادە قىلىسىلەر، ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئاخىرەتنىڭ ئەبەدىي مەنپەئەتلىرىنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، يەنى ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىشقا قادىردۇر، لېكىن ھەر ئىشنى ئۆز ھېكمىتى بويىچە مەخلۇقاتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پىلانلايدۇ. جۈملىدىن سىلەرنى بۇيرۇغان ۋە توسقان ئىشلار سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. لَوْلَا كِتَابٌ مِنَ اللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
    ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكمى بولمىغان بوسا ئىدى، فىديە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان فىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىلگىرى يازغان بىر ھۆكمى بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن ئالغان فىديەڭلار ئۈچۈن چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. (8-سۈرە ئەنفال، 69-ئايەت) جائىز ئۇرۇش قائىدىلىرى
    فَكُلُوا مِمَّا غَنِمْتُمْ حَلَالًا طَيِّبًا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    (ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىيمەت ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) دىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئولجا ئالغان نەرسەڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇنداقتا ئالغان غەنىيمىتىڭلارنى (فىديەڭلارنى) ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە مەرھەمىتى بۈيۈكتۇر. ئەسكەرتىش: مۇپەسسرىلەر «ئاللاھنىڭ ئىلگىرى يازغان بىر ھۆكمى»نىڭ قايسى ھۆكۈم ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرقانچە ئېھتىمالنى زىكىر قىلىدۇ. لېكىن ئايەتلەردە ئۇ ھۆكۈمنىڭ قايسى ھۆكۈم ئىكەنلىكى ئېنىق بىلدۈرۈلمىگەن. دېمەككى، بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئۇ ھۆكۈمنىڭ نېمىلىكى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ ھۆكۈمنىڭ مەزمۇنى بىلەن، مۇئمىنلارنىڭ «بەدرغازىتى»دا ۋاقتىدىن بۇرۇن ئەسىر ئېلىش ۋە ئەسىرلەردىن فىديە ئېلىش گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالاندۇرۇلماسلىقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ قُلْ لِمَنْ فِي أَيْدِيكُمْ مِنَ الْأَسْرَىٰ إِنْ يَعْلَمِ اللَّهُ فِي قُلُوبِكُمْ خَيْرًا يُؤْتِكُمْ خَيْرًا مِمَّا أُخِذَ مِنْكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىرىكى گۇناھلىرىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ دىلىڭلاردا بىرەر ياخشىلىقنىڭ بارلىقىنى بىلسە، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان فىدىيىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى نەبىي! قوللىرىڭلاردىكى ئەسىرلەرگە: «ئەگەر ئاللاھ قەلبىڭلاردا بىرەر ياخشىلىق بارلىقىنى بىلسە، سىلەرگە سىلەردىن ئېلىنغان فىديەلەردىن ياخشىسىنى بېرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېگىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبى! ئىلكىڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىن: «ئى ئەسىرلەر! تۆلىگەن فىديەڭلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ كەتمەڭلار، ئەگەر بۇ فىديەلەرنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن ئىمان ئېيتىپ ئىسلامغا كىرسەڭلار، دىلىڭلاردا ئىمان سۆيگۈسى ۋە ئىتائەت ئىرادىسى مۇستەھكەم ئورۇنلاشسا، ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات قىلىپ كۆپ ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇرۇنقى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەۋبە قىلغان بەندىلىرىگە مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (8-سۈرە ئەنفال، 71-ئايەت) ئىشەنچلىكلىك ئاللاھنىڭ ئىلمى
    وَإِنْ يُرِيدُوا خِيَانَتَكَ فَقَدْ خَانُوا اللَّهَ مِنْ قَبْلُ فَأَمْكَنَ مِنْهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشۇ ئەسىرلەر ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئىلگىرى ئۇلار (كۇفرى بىلەن، ئەھدىنى بۇزۇش بىلەن) ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى، ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ (بولغۇسى ھەممە ئىشنى) بىلگۈچى، ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (مۇشۇ ئەسىرلەر) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولسا (قىلىۋەرسۇن)، ئىلگىرىمۇ ئۇلار ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى، ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار ساڭا خائىنلىق قىلماقچى بولسا، بىلگىنكى، ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا خائىنلىق قىلغان ئىدى. ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى نەبى! ئەگەر فىديە تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، شاھادەت كەلتۈرۈپ ئىمان ئېيتقانلىقىنى بايان قىلغان ئەسىرلەر ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى ئىزھار قىلىش بىلەن ساڭا خائىنلىق قىلماقچى بولسا پەرۋا قىلمىغىن. ئۇلار ناۋادا خائىنلىق قىلىپ قالسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئىلگىرىكىدەك يەنە سېنىڭ قولۇڭغا ئەسىرگە چۈشۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ نىيەت - مەقسىتىنى، گەپ - سۆزىنى ۋە ئىش - ھەرىكىتىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كىم ئۈچۈن قانداق ھۆكۈم قىلسا ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سەمىمىي ھالدا مۇئمىن، لايىق رەۋىشتە مۇسۇلمان بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ يەرگىچە ئاساسەن «بەدىر غازىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى بايان قىلىدۇ ۋە مۇئمىنلارغا ئۇ ھادىسىلەر جەريانىدىكى پوزىتسىيەلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇلارغا دۈشمەنلىرىنى تونۇتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن دۈشمەنگە قارشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇ ئىشلار توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. 72 ~ 75 - ئايەتلەردە بولسا، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى) ئۇ مۇئمىنلارنىڭ ئىمان ۋە ئەمەلدىكى دەرىجىلىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا دۈشمەننى يەنە بىر قېتىم تونۇتىدۇ، ئۇ مۇئمىنلار ناۋادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلمىغان تەقدىردە يۈز بېرىدىغان يامان ئاقىۋەتنى ئۇلارغا ئالدىنئالا خەۋەر قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. (8-سۈرە ئەنفال، 72-ئايەت) جىھاد ھىجرەت ساھابىلەر
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ آوَوْا وَنَصَرُوا أُولَٰئِكَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يُهَاجِرُوا مَا لَكُمْ مِنْ وَلَايَتِهِمْ مِنْ شَيْءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُوا ۚ وَإِنِ اسْتَنْصَرُوكُمْ فِي الدِّينِ فَعَلَيْكُمُ النَّصْرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    ئىمان ئېيتقانلار، (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل ـ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر ـ بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر ـ بىرىگە ياردەمچىدۇر ۋە دوستتۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقانلار، يۇرتىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، پۇل ـ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، ئۇلارغا جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغانلار (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر ـ بىرىگە يېقىن كىشىلەردۇر. ئىمان ئېيتقان، ئەمما ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆزئارا قىلچە يېقىنلىق مۇناسىۋىتى بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسىلا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەر ۋە بۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يار - يۆلەك بولغان كىشىلەر بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئىمان ئېيتىپ ھىجرەت قىلمىغانلارغا كەلسەك، سىلەر ئۇلار بىلەن ھېچ نەرسىدە بىر - بىرىڭلارغا ۋەلىي بولالمايسىلەر. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن دىندا ياردەم تەلەپ قىلسا، ياردەم قىلىشىڭلار كېرەك. لېكىن بۇ ياردەم سىلەر بىلەن كېلىشىمى بولغان قەۋمگە قارشى بولماسلىقى لازىم. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىمان ئېيتقان، مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋە جان - مېلى بىلەن جىھاد قىلغانلار بىلەن ئىمان ئېيتقان، ئۇلارغا پاناھلىق بەرگەن ۋە ھەر تۈرلۈك ياردەم قىلغان مەدىنىلىك مۇئمىنلار بىر - بىرىنىڭ يېقىنى، دوستى ۋە ھىمايىچىسى بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك مۇئمىن (دەسلەپكى مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالغان ئەنسارلار) بىرىنچى دەرىجىلىك مۇئمىنلاردۇر. ئىمان ئېيتقان، لېكىن ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق ھىجرەت قىلمىغان، ئەكسىچە كافىرلارنىڭ ئارىسىدا قېلىشقا رازى بولغانلار كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن مۇئمىنلار بولۇپ، بۇلارنىڭ دەرىجىسى تۆۋەندۇر. ئى مۇھاجىر ۋە ئەنسار مۇئمىنلار! ئۇ تۆۋەن دەرىجىلىك مۇئمىنلار ھىجرەت قىلىپ سىلەرگە قېتىلمىغۇچىلىك، ئۇلار بىلەن ئاراڭلاردا دوستلۇق، يېقىنلىق، ئۆزئارا ياردەملىشىش ۋە ھامىيلىق قىلىشىش يوق، يەنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ھىمايە قىلىش، قوغداش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىڭلار يوق. ئەمما ئۇلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچراپ، بۇ زۇلۇمنى دەپئى قىلىش توغرىسىدا سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، لېكىن بۇ ياردەمنىڭ ئاراڭلاردا تىنچلىق كېلىشىمى بولغان بىرەر قەۋمگە قارشى بولۇپ قالماسلىقى شەرت. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. وَالَّذِينَ كَفَرُوا بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ إِلَّا تَفْعَلُوهُ تَكُنْ فِتْنَةٌ فِي الْأَرْضِ وَفَسَادٌ كَبِيرٌ
    كاپىرلار بىر ـ بىرىنىڭ قاياشىدۇر ، ئەگەر بۇ (يۇقىرىدىكى) ھۆكۈمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كافىرلار (ياردەمدە ۋە مىراستا) بىر ـ بىرىگە يېقىن كىشىلەردۇر، ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئەگەر بۇ ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمىساڭلار[10]، زېمىندا چوڭ فىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! كافىرلار بىر - بىرىنىڭ دوستى، يېقىنى ۋە ھىمايىچىسىدۇر. ئۇلار باتىلدا ئۆزئارا ياردەملىشىدۇ، بىر - بىرىنى قوللايدۇ ۋە سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلىشتا ھەمكارلىشىدۇ، شۇڭلاشقا سىلەر ئۇلارنى دوست بىلمەڭلار، دوست تۇتماڭلار ۋە ئۆزلىرىڭلارغا ھامىي قىلىۋالماڭلار. ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەر يۇقىرىدىكى نەسىھەتلەرگە ئەمەل قىلمىساڭلار يەنى ئۆزئارا دوستلىشىش، ھەقتە بىر - بىرىڭلار بىلەن ياردەملىشىش ۋە بىر - بىرىڭلارنى ھىمايە قىلىش، شۇنداقلا كۇفۇرغا قارشى ھەقتە بىرلىشىش، كافىرلارنى دوست تۇتماسلىق، ئۇلارنى ئۆزلىرىڭلارغا ھامىي قىلىۋالماسلىق توغرىسىدىكى ئىلاھىي ئەمرلەرگە بويسۇنمىساڭلار ۋە نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالمىساڭلار، شەۋكىتىڭلار ئاجىزلايدۇ، كۈچ - قۇۋۋىتىڭلار يوقىلىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن قېنىڭلار تۆكۈلىدۇ، مال - مۈلكىڭلار تالان - تاراچ قىلىنىدۇ ۋە شان - شەرىپىڭلار دەپسەندە قىلىنىدۇ، نەتىجىدە يەر يۈزىدە قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ئومۇملىشىدۇ، پىتنە - پاسات ۋە گۇناھ - مەئسىيەت ئەۋجگە چىقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. (8-سۈرە ئەنفال، 74-ئايەت) جىھاد ھىجرەت ساھابىلەر
    وَالَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالَّذِينَ آوَوْا وَنَصَرُوا أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُؤْمِنُونَ حَقًّا ۚ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
    ئىمان ئېيتقانلار، (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (نىڭ گۇناھى) مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (جەننەتتە) ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغانلار (يەنى ئەنسارلار) ـ ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر. ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىلەر ۋە بۇلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ يار - يۆلەك بولغان كىشىلەرلا ھەقىقىي مۇئمىنلاردۇر. ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىمان ئېيتقان، دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇھاجىرلار بىلەن ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئۇلارغا ۋە ھەقنىڭ تارقىلىشىغا ياردەم بەرگەن ئەنسارلار ھەقىقىي مۇئمىنلاردۇر. ئەنە شۇ ئىككى تۈرلۈك مۇئمىنلار (دەسلەپكى مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلار) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە ھەر ئىككى ئالەمدە ئېسىل رىزىقلارغا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. (8-سۈرە ئەنفال، 75-ئايەت) جىھاد ھىجرەت ۋارىسلىق
    وَالَّذِينَ آمَنُوا مِنْ بَعْدُ وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا مَعَكُمْ فَأُولَٰئِكَ مِنْكُمْ ۚ وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    كېيىن ئىمان ئېيتىپ (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلار سىلەردىن سانىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە، ئۇرۇق ـ تۇغقانلار بىر ـ بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كېيىن ئىمان ئېيتىپ ھىجرەت قىلغانلار ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلارمۇ سىلەر بىلەن بىر قاتاردا سانىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئۇرۇق ـ تۇغقانلار بىر ـ بىرىگە مىراسخور بولۇشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممە شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېيىن ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە سىلەر بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلغان كىشىلەرمۇ سىلەردىندۇر. ئۇرۇق - تۇغقانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر - بىرلىرىگە تېخمۇ يېقىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھاجىر ۋە ئەنسار مۇئمىنلار! ئىمان ئېيتقان، سىلەردىن كېيىن ھىجرەت قىلىپ سېپىڭلارغا قوشۇلغان ۋە سىلەر بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلغان مۇئمىنلار سىلەردىن بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئاراڭلاردا دوستلۇق، يېقىنلىق ۋە ھىمايىچىلىق مەۋجۇتتۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار بىلەن بىر - بىرىڭلارنى دوست تۇتۇشىڭلار، قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىڭلار ۋە قوغدىشىڭلار لازىم. ئۇرۇق - تۇغقان مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر - بىرىگە تېخىمۇ يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىمانىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلىكتە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىمۇ مەۋجۇتتۇر، شۇڭلاشقا ئۇلار دىنىي جەھەتتە ئۆزئارا دوست، يېقىن ۋە بىر - بىرىگە ھامىي بولۇش بىلەن بىرلىكتە بىر - بىرىگە ۋارىسمۇ بولىدۇ. ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاخىرى سىلەردىن ھېساب ئېلىپ، ياخشىلىرىڭلارغا مۇكاپات، يامانلىرىڭلارغا جازا بېرىدۇ. شۇڭلاشقا دىققەت قىلىڭلار: ياخشىلار ئالغا ئىلگىرىلەڭلار، يامانلار تەۋبە قىلىپ ئۆزۈڭلارنى تۈزىتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى