نۇر سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 64 ئايەت
مەنىسى: نۇر. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ نۇرى ئىكەنلىكى... بايان قىلىنغان (35~40- ئايەتلەر)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سُورَةٌ أَنْزَلْنَاهَا وَفَرَضْنَاهَا وَأَنْزَلْنَا فِيهَا آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) بۇ بىر سۈرىدۇركى، ئۇنى بىز (ساڭا) نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدىكى (ئەھكاملارنى) پەرز قىلىپ بېكىتتۇق، (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدا (سىلەرنى ئەمەل قىلسۇن دەپ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ بىر سۈرىدۇركى، ئۇنى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇ-نىڭدىكى ئەھكاملار-نى بىز پەرز قىلىپ بېكىتتۇق، -ئى مۇئمىنلار!- سىلەرنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ بىز نازىل قىلغان ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى پەرز قىلغان سۈرىدۇر. بىز بۇ سۈرىدە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بۇ، بىز نازىل قىلغان، مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىشنى پەرز قىلغان ۋە ئىچىدە روشەن ئايەتلەر نازىل قىلغان سۈرىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھكام ۋە قائىدە - قانۇنلارنى ئېسىڭلاردا ساقلاپ ئەمەل قىلغايسىلەر! «روشەن ئايەتلەر» - ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەر ئەقىل ئىگىسىگە ئىسلام دىنىنىڭ مۇكەممەل نىزام ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھاياتنىڭ پۈتكۈل ساھەسىنى ئۇنىڭغا قارىتا ياشاش لازىملىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدىغان ئايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە بۇ سۈرىدە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئاسايىشلىقتا ۋە ئائىلىۋى ھاياتنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە داۋاملىشىشى ئۈچۈن، رىئايە قىلىنىشى كېرەك بولغان قانۇن - تۈزۈم ۋە قائىدە - يوسۇنلار، قۇلاق سېلىنىشى كېرەك بولغان پەند - نەسىھەتلەر بىلدۈرۈلىدۇ، مۇئمىنلار بىلەن كافىرلار تونۇتۇلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا - ئاخىرەتتىكى ئاقىۋەتلىرىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، تەۋھىدنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرى بايان قىلىنىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (24-سۈرە نۇر، 2-ئايەت) چىگرا
    الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا مِائَةَ جَلْدَةٍ ۖ وَلَا تَأْخُذْكُمْ بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَائِفَةٌ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
    زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۆمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۇئمىنلاردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىپ قالمىسۇن، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار. مۇئمىنلاردىن بىر جامائە ھازىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ بىرىنچىسى زىنا قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى بەلگىلەيدىغان ئەھكام بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىچە: زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىشتا سىلەرنى ئۇلارغا رەھىمدىللىك قىلىش تۇتۇۋالمىسۇن؛ رەھىمدىللىكىڭلار ئۇ ھۆكۈمنى ئۇلارغا ئىجرا قىلىشتىن توسمىسۇن. ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئۇلارغا رەھىم قىلماي ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىجرا قىلىڭلار. ئۇلارغا بۇ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىدىغان مەيدانغا مۇئمىنلاردىن بىر جامائە ھازىر بولسۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (24-سۈرە نۇر، 3-ئايەت) چىگرا نىكاھ
    الزَّانِي لَا يَنْكِحُ إِلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنْكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌ ۚ وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ
    زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى — مۇھەممەد سالىھ

    زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، بۇ مۇئمىنلارغا ھارام قىلىندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    زىنا قىلغۇچى ئەر زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئايالدىن باشقىسىنى ئالمايدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايالغا كەلسەك، ئۇنى زىنا قىلغۇچى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئەردىن باشقىسى ئالمايدۇ. بۇ مۇئمىنلارغا ھارام قىلىندى.‏ — ئەنەس ئالىم

    زىنا قىلغۇچى ئەر، پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئايالنىلا نىكاھىغا ئالىدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايالنى، پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش زىنا قىلغۇچى ئەر ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ئەرلا نىكاھىغا ئالىدۇ. چۈنكى ئىپپەتسىزلەر بىر - بىرىنى سۆيىدۇ ۋە بىر - بىرىگە لايىق كېلىدۇ. ئىپپەتسىز بىلەن نىكاھلىنىش مۇئمىنلارغا ھارام قىلىندى. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى كۆرسىتىدۇكى، نىكاھلىنىشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى شەرتتۇر. ئەسكەرتىش: دەسلەپتە زىنا جىنايىتىگە بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر نازىل قىلىنغان، كېيىن بۇ ئايەتلەر نازىل قىلىنىش بىلەن ئۇ ئايەتلەرنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان (مەنسۇخ قىلىنغان). ئاللاھ 2 - ۋە 3 - ئايەتتە زىنا جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جازانى بىلدۈرىدۇ. 4 - ۋە 5 - ئايەتلەردە بولسا ئىپپەتلىك ئاياللارغا زىنا تۆھمىتى چاپلىغانلارغا بېرىلىدىغان جازانى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. وَالَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَأْتُوا بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ فَاجْلِدُوهُمْ ثَمَانِينَ جَلْدَةً وَلَا تَقْبَلُوا لَهُمْ شَهَادَةً أَبَدًا ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
    ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئىپپەتلىك ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر). ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى (ئۇلار يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت چاپلاش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا) ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، ئاندىن تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئەبەدىي قوبۇل قىلماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلاپ، ئاندىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرەلمىگەنلەرنىڭ ھەر بىرىنى سەكسەن دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار. ئۇلار فاسىقلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    زىنادىن پاك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، ئاندىن تۆت ئەر گۇۋاھچى كەلتۈرۈپ مەھكىمىدە ئۆزىنىڭ راست ئېيتقانلىقىنى ئىسپاتىلىيالمىغانلارنىڭ ھەر بىرىگە سەكسەن دەررىدىن ئۇرۇش، گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە فاسىق ھېسابلاش جازاسى بېرىڭلار. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بىرەر ئايالنى زىنا بىلەن قارىلىغان كىشى، ناۋادا تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈپ سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، زىنا قىلغۇچىغا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان جازا ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇ كىشىگە (دەۋاگەرگە) ھېچقانداق جازا بېرىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈپ ئۆزىنىڭ راست ئېيتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسا ئۇنىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازا بېرىلىدۇ: 1) 80 دەررە ئۇرۇش جازاسى، 2) گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنماسلىق جازاسى، 3) فاسىق دەپ ئاتىلىش جازاسى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر (يەنى ئىپپەتلىك ئاياللارغا قايتا تۆھمەت چاپلىمىغانلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا (ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىڭلار)، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى بەندە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ)، تولىمۇ مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئەمەللىرىنى تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    لېكىن تۆھمەت چاپلىغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ بۇ گۇناھتىن يانغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە سەمىمىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ياخشى ئادەم بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان كىشىنى ئۇ جازالار بىلەن جازالىماڭلار، چۈنكى ئاللاھ سەمىمىي تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھىنى ئەپۇ قىلىدۇ، جازاسىنى بىكار قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدىغان، فاسىق دەپ ئاتالمايدىغان ئەسلىي ھالىتىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. «فاسىق» - جەمئىيەتتە ئىشەنچسىز ئادەم دەپ قارىلىدىغان، يامان كۆرۈلىدىغان ۋە چەتكە قېقىلىدىغان ئادەمدۇر. ئاللاھ تائالا 2 ~ 5 - ئايەتلەردە زىنا جىنايىتىنىڭ ۋە بىرەر ئايالغا زىنا تۆھمىتى چاپلاش جىنايىتىنىڭ جازالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى بايان قىلغاندىن كېيىن، 6 ~ 10 - ئايەتلەردە ئۆز ئايالىغا زىنا تۆھمىتى چاپلاش جىنايىتنىڭ جازاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (24-سۈرە نۇر، 6-ئايەت) گۇۋاھلىق ۋە دەلىل نىكاھ
    وَالَّذِينَ يَرْمُونَ أَزْوَاجَهُمْ وَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ شُهَدَاءُ إِلَّا أَنْفُسُهُمْ فَشَهَادَةُ أَحَدِهِمْ أَرْبَعُ شَهَادَاتٍ بِاللَّهِ ۙ إِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ
    خوتۇنلىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    خوتۇنلىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ گۇۋاھلىقى سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاياللىرىنى زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىلىرى بولمىغان ئەرلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ گۇۋاھلىقى تۆت قېتىم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەقىقەتەن راستچىللاردىنمەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشتۇر[1].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاياللىرىغا زىنا تۆھمىتى چاپلىغان، بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان ۋە باشقا تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرەلمىگەن ئەرلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مەھكىمىگە ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى قازى (سوتچى)نىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ راست ئېيتقانلىقى توغرىسىدا تۆت قېتىم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن راست ئېيتتىم» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (24-سۈرە نۇر، 7-ئايەت) قەسەم
    وَالْخَامِسَةُ أَنَّ لَعْنَتَ اللَّهِ عَلَيْهِ إِنْ كَانَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
    بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دېسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    بەشىنچى قېتىمىدا: «ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن» دەپ قەسەم قىلىشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ بەشىنچى گۇۋاھلىقى بولسا: «ئەگەر مەن يالغانچىلاردىن بولسام ئاللاھنىڭ لەنىتى ماڭا بولسۇن» دېيىشتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ راست ئېيتقانلىقى توغرىسىدا يۇقىرىدىكى شەكىلدە تۆت قېتىم قەسەم ئىچكەندىن كېيىن بەشىنچى قېتىم «ئەگەر ئايالىم ھەققىدە بۇ سۆزنى قىلىشتا يالغان ئېيتقان بولسام ئاللاھنىڭ لەنىتى ماڭا بولسۇن» دەپ يۇقىرىدىكى تۆت قېتىملىق قەسىمىنى تەكىتلىشى لازىم. ئۇ كىشى، مانا بۇ شەكىلدە تۆت قېتىم قەسەم ئىچىپ، بەشىنچى قېتىمدا، يالغان ئېيتقان تەقدىردە ئاللاھنىڭ لەنىتىگە يولۇقۇشنى تىلىگەندىن كېيىن، تۆھمەت قىلىش جازاسىدىن قۇتۇلىدۇ. بۇ تەقدىردە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ جىنايىتى ئىسپاتلانغان، شۇنداقلا جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (24-سۈرە نۇر، 8-ئايەت) گۇۋاھلىق ۋە دەلىل
    وَيَدْرَأُ عَنْهَا الْعَذَابَ أَنْ تَشْهَدَ أَرْبَعَ شَهَادَاتٍ بِاللَّهِ ۙ إِنَّهُ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ
    خوتۇن كىشى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم ئىچسە، جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    خوتۇن كىشىنىڭ ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم ئىچىشى، ئۇنىڭدىن جازانى چۈشۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارىلانغان ئايالنىڭ تۆت قېتىم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئېرىم ھەققەتەن يالغانچىلاردىندۇر» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۇنى ئازابتىن ساقلاپ قالىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    قارىلانغان ئايال، ئېرىنىڭ بۇ قەسەم ئىچىش ۋە لەنەت تىلىشىدىن كېيىن سۈكۈت قىلسا، ئۇنىڭغا زىنا جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ. لېكىن ئۇ ئايال سۈكۈت قىلماي ئېرىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى دەۋا قىلسا، ئېرىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىغا تۆت قېتىم قەسەم ئىچىدۇ ۋە جازادىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (24-سۈرە نۇر، 9-ئايەت) قەسەم
    وَالْخَامِسَةَ أَنَّ غَضَبَ اللَّهِ عَلَيْهَا إِنْ كَانَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    بەشىنچى قېتىمىدا، ئۇ ئەگەر راستچىللاردىن بولسا (يەنى ئېرىمنىڭ گېپى راست بولىدىغان بولسا) ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولسۇن دەپ قەسەم قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بەشىنچى قېتىمىدا، ئېرى راستچىللاردىن بولسا ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىشىنى تىلەپ قەسەم قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئايالنىڭ بەشىنچى قېتىمدا: «ئەگەر ئېرىم راستچىىلاردىن بولسا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ماڭا بولسۇن» دېيىشى لازىم.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئايالنىڭ، ئېرىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىغا تۆت قېتىم قەسەم ئىچكەندىن كېيىن بەشىنچى قېتىمدا: «ئەگەر ئېرىم راست ئېيتقان بولسا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ماڭا بولسۇن» دەپ ئۆزىنىڭ تۆت قېتىملىق قەسىمىنى تەكىتلىشى لازىم. بۇ تەقدىردە ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى جازادىن قۇتۇلىدۇ، لېكىن مەھكىمە ئۇلارنى ئايرىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (24-سۈرە نۇر، 10-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى
    وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ وَأَنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ حَكِيمٌ
    ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى (چوقۇم رەسۋا بولاتتىڭلار)، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ۋە ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولمىسا ئىدى. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى بولمىسا ئىدى، ھالىڭلار نېمە بولار ئىدى؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات ۋە رەھمەت قىلمىسا ئىدى، ئاللاھ گۇناھكار بەندىلىرىگە تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىپ تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە قىلغان ئىشلىرىنى ھېكمەت بىلەن قىلىدىغان زات بولمىسا ئىدى، ئىچىڭلاردىن ئايالىغا بەتنام چاپلىغانلارغا يۇقىرىدىكى ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇمىغان بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيىتىڭلاردا تۆھمەت چاپلاش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرەتتى، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردە ھۇزۇرسىزلىق ھاكىم بۇلاتتى، تۆھمەت چاپلىغان ۋە تۆھمەت چاپلانغانلار جەمئىيەتتە رەسۋاچىلىققا قالاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات ۋە رەھمەت قىلىپ يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەرنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن كەلسە - كەلمەس تۆھمەت چاپلاشنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولدى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئايالىغا بەتنام چاپلىغانلارغا گۇۋاھچى كەلتۈرۈپ دەۋاسىنى ئىسپاتلاشقا بۇيرۇش، ئىسپاتلىيالمىسا سەكسەن دەررە ئۇرۇش جازاسى بېرىش، بىر تەرەپتىن ئۇنى ئايالىغا تۆھمەت چاپلاشتىن، شۇنداقلا ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشتىن ۋە جەمئىيەتتە ھۇزۇرسىزلىق پەيدا قىلىشتىن توسىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن گۇناھكارنىڭ گۇناھتىن پاكلىنىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. ئى مۇئمىنلار! مانا بۇلار ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر، ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان مەبۇد بەرھەق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدۇر. دەرۋەقە ئايالىغا بەتنام چاپلاشتا تۆت گۇۋاھچىنىڭ شەرت قىلىنىشى، تۆت گۇۋاھچى بولمىغان تۆھمەتچىنىڭ سەكسەن دەررە تاياق يېيىشكە ھۆكۈم قىلىنىشى، بەتنام چاپلاشنى ئەڭ ئاز نىسبەتكە چۈشۈرىدۇ، چۈنكى بۇنىڭغا ھېچكىم ئالدىراپ جاسارەت قىلمايدۇ. ناۋادا ئۆزىنى تۇتالماي چاپلاپ سالسا ياكى گۇۋاھچىلىرى بولۇپ ھەقىقەتەن راست ئىشنى دەۋا قىلغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئىككى تەرەپتىن بىرى جازالىنىدۇ ۋە گۇناھىدىن پاك بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (24-سۈرە نۇر، 11-ئايەت) غەيۋەت ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    إِنَّ الَّذِينَ جَاءُوا بِالْإِفْكِ عُصْبَةٌ مِنْكُمْ ۚ لَا تَحْسَبُوهُ شَرًّا لَكُمْ ۖ بَلْ هُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۚ لِكُلِّ امْرِئٍ مِنْهُمْ مَا اكْتَسَبَ مِنَ الْإِثْمِ ۚ وَالَّذِي تَوَلَّىٰ كِبْرَهُ مِنْهُمْ لَهُ عَذَابٌ عَظِيمٌ
    شۈبھىسىزكى، سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئائىشەگە) بوھتان چاپلىدى. بۇنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامان دەپ گۇمان قىلماڭلار، (سەۋر قىلغانلىقىڭلار بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ۋە ئائىشە، سەفۋانلارنىڭ پاكلىقى ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن) بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىمنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بۆھتان چاپلىغانلار سىلەردىن بىر گۇرۇھ كىشىدۇر. ئۇنى سىلەر ئۈچۈن يامان دەپ گۇمان قىلماڭلار، بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن ھەر بىرىگە ئىشلىگەن گۇناھىغا يارىشا جازا باردۇر، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى ئۈستىگە ئالغان ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ بوھتاننى چاپلىغانلار سىلەردىن بىر گۇرۇھتۇر. بۇنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامانلىق ھېسابلىماڭلار، بەلكى ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى قىلغان گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ كاتتىۋېشى چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، ئۇ تۆھمەتنى توقۇپ چىققان، تارقاتقان ۋە تارقىتىۋاتقان كىشىلەر سىلەردىن بىر گۇرۇھتۇر؛ بەزىلىرى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن نادان مۇئمىنلار، بەزىلىرى ئاراڭلارغا كىرىۋالغان مۇنافىقلاردۇر. سىلەر بۇ ھادىسىنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يامانلىق ھېسابلىماڭلار، ئەكسىچە ئۇ ھادىسە سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر، چۈنكى بۇ سەۋەب بىلەن مۇنافىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسى چىتقا يېيىلدى، سەمىمىي مۇئمىنلار ئاشكارا بولدى، ئىمانى ئاجىز ۋە ئىمانى مۇستەھكەم كىشىلەر بىلىندى، پاك مۇئمىنلار ئاقلىنىپ ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى نامايان بولدى ۋە سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن دەرىجىسى يۈكسەلدى. تۆھمەتچى گۇرۇھنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بۇ تۆھمەتنىڭ تارقىلىشىغا قانچىلىك ھەسسە قوشقان بولسا شۇنچىلىك جازا چېكىدۇ. ئۇلارنىڭ كاتتىۋېشى چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (24-سۈرە نۇر، 12-ئايەت) گۇماندىن ساقلىنىش ياخشى سۆز
    لَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ ظَنَّ الْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بِأَنْفُسِهِمْ خَيْرًا وَقَالُوا هَٰذَا إِفْكٌ مُبِينٌ
    بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر بىر-بىرىگە ياخشى گۇماندا بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر ـ ئايال مۇئمىنلار نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، «بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى»؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بوھتاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا نېمە ئۈچۈن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولغان سىلەر ئۆزلىرىڭلارغا ياخشى گۇمان بىلەن قاراپ: «بۇ ئېنىق بوھتان» دېمىدىڭلار؟[2] — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئەر - ئايال مۇئمىنلار قېرىنداشسىلەر، قېرىنداشلار بىر - بىرىگە ياخشى گۇمان بىلەن قارىشى، بىر - بىرىنى پاك دەپ ئويلىشى ۋە تۆھمەت چاپلانسا ئىسپاتلانمىغۇچە ئىشەنمەسلىكى، شۇنداقلا قەتئىي رەت قىلىشى لازىم. سىلەرنىڭ ئۇ تۆھمەتنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك ئىش ئەنە شۇلار تۇرۇقلۇق، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇ بەتنام چاپلانغان قېرىداشلىرىڭلارغا ياخشى گۇمان بىلەن قاراپ: «بۇ ئېنىق تۆھمەتتۇر» دېمىدىڭلار؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. لَوْلَا جَاءُوا عَلَيْهِ بِأَرْبَعَةِ شُهَدَاءَ ۚ فَإِذْ لَمْ يَأْتُوا بِالشُّهَدَاءِ فَأُولَٰئِكَ عِنْدَ اللَّهِ هُمُ الْكَاذِبُونَ
    ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ ئۇلار گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرمىدى؟ ئۇلار گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا يالغاچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئۇ تۆھمەتنى چاپلىغۇچىلار ئېيتقان سۆزلىرىگە نېمە ئۈچۈن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرمىدى؟ نېمە ئۈچۈن دەۋاسىنى ئىسپاتلىمىدى؟ سىلەرنىڭ ئۇلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈپ دەۋاسىنى ئىسپاتلىشىنى، ئىسپاتلىيالمىسا ئېغىزلىرىنى يۇمۇشىنى تەلەپ قىلىشىڭلار لازىم ئىدى! ئۇلار سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا مادامىكى تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرەلمىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (ئاللاھنىڭ ئىلمىدە) يالغانچىلاردۇر؛ تۆھمەت قىلغانلار تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈپ دەۋاسىنى ئىسپاتلىشى لازىم ئىدى، ئۇلار بۇنى قىلالمىدى، شۇنداققۇ! دېمەككى، تۆھمەت چاپلىغۇچىلار يالغانچى، تۆھمەت چاپلانغانلار (ئائىشە بىلەن سەفۋان) پاكتۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىلمى ئەمەلىيەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (24-سۈرە نۇر، 14-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى
    وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ لَمَسَّكُمْ فِي مَا أَفَضْتُمْ فِيهِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
    سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، بوھتان چاپلىغىنىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سېلىپ پېتىپ كەتكەن بۇ بوھتان سەۋەبلىك ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇ پىتنە -پاساتنى تارقاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات ۋە رەھمەت قىلىپ دۇنيادا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بەرمىگەن ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنداقلا ئاخىرەتتە جازايىڭلارنى ساقىت قىلىۋەتمەيدىغان بولسا ئىدى، سىلەر ئۇ تۆھمەتنى تارقاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار؛ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (24-سۈرە نۇر، 15-ئايەت) ياخشى سۆز غەيۋەت
    إِذْ تَلَقَّوْنَهُ بِأَلْسِنَتِكُمْ وَتَقُولُونَ بِأَفْوَاهِكُمْ مَا لَيْسَ لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ وَتَحْسَبُونَهُ هَيِّنًا وَهُوَ عِنْدَ اللَّهِ عَظِيمٌ
    ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار، ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى سىلەر ئۇ بوھتاننى ئېغىزدىن ئېغىزغا توشۇدۇڭلار. ئۇنى ئەسلىنى ھېچ بىلمەستىن ئېغىزىڭلارغا ئالدىڭلار، بۇنى ئاددىي چاغلىدىڭلار. ھالبۇكى، بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا چوڭ ۋەقە ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات ۋە مەرھەمەت قىلمىسا ئىدى، سىلەر ئۇ تۆھمەتنى ئاڭلاپ راست - يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلمايلا ئېغىزدىن ئېغىزغا توشۇۋاتقان، ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنىى ھېچ بىلمەستىن ئېغىزىڭلارغا ئېلىۋاتقان ۋە بۇ ئىش ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا چوڭ ۋەقە تۇرۇقلۇق سىلەر بۇ ئىشنى ئاددىي چاغلاۋاتقان ئەسنادا چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات قىلدى، مەرھەمەت قىلدى؛ سىلەرنى دەرھال جازالىمىدى، ئەكسىچە سىلەرگە تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بەردى، تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىپ گۇناھىڭلارنى كەچۈردى، ئاخىرەتتە بۇ ئىش ئۈچۈن سىلەرنى جازالىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (24-سۈرە نۇر، 16-ئايەت) ياخشى سۆز غەيۋەت
    وَلَوْلَا إِذْ سَمِعْتُمُوهُ قُلْتُمْ مَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَتَكَلَّمَ بِهَٰذَا سُبْحَانَكَ هَٰذَا بُهْتَانٌ عَظِيمٌ
    ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، (ئى ئاللاھ!) سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر دېمىدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، نېمىشقا «مۇنداق سۆزلەرنى قىلىش بىزگە مۇناسىپ ئەمەس، -ئى ئاللاھ!- سەن پاكتۇرسەنكى، بۇ چوڭ بوھتاندۇر» دېمىدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۇ بوھتاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا نېمىشقا «بۇنى سۆزلەش بىزگە لايىق بولمايدۇ، سۇبھانەللاھ، بۇ نېمىدېگەن چوڭ بوھتان!» دېمىدىڭلار؟ — ئەنەس ئالىم

    سىلەرنىڭ ئۇ تۆھمەتنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا باشقىلارغا، «بۇنداق يالغان - ياۋىداق سۆزنى ئېيتىش بىزگە لايىق بولمايدۇ» دەپ نەسىھەت قىلىشىڭلار ۋە ئەجەبلىنىپ: «سۇبھانەللاھ، بۇ نېمىدېگەن چوڭ بوھتان!» دېيىشىڭلار لازىم ئىدى، نېمىشقا مۇشۇنداق قىلمىدىڭلار؟! نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا يارىشىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، ئۇ بوھتاننى قەتئىي رەت قىلمىدىڭلار؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. (24-سۈرە نۇر، 17-ئايەت) ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر
    يَعِظُكُمُ اللَّهُ أَنْ تَعُودُوا لِمِثْلِهِ أَبَدًا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
    ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ سىلەرگە نەسىھىتى شۇكى، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار بۇنداق ئىشنى ھەرگىزمۇ قايتا قىلماڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق يالغان سۆزلەرنى قىلماسلىقىڭلار ۋە باشقىلار قىلسا ئىشەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن نەسىھەت قىلماقتىدۇر؛ ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار بۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇنداق يالغان گەپنى قىلماڭلار ۋە ئىشەنمەڭلار، ئەكسىچە دەلىل تەلەپ قىلىڭلار، ئېيتقانلار دەلىل كەلتۈرۈپ ئىسپاتلىمىغۇچە رەت قىلىڭلار، مۇئمىن قېرىنداشلىرىڭلارغا ياخشى گۇمان بىلەن قاراڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. وَيُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە گۈزەل ئەدەب ـ ئەخلاقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، (تەدبىر قوللىنىشتا ۋە شەرىئىتىنى بەرپا قىلىشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ سىلەرگە ھۆكۈم، ھېكمەت ۋە نەسىھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىنى ئېنىق چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلىدۇ، ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى ئوچۇق چەشەندۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇردۇر؛ ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۆز ھېكىمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە پايدىلىق ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، زىيانلىق ئىشلادىن توسىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (24-سۈرە نۇر، 19-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب غەيۋەت
    إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَنْ تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
    مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار ئارىسىدا يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلارغا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب باردۇر، ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا پاھىشەنىڭ يېيىلىشىنى ئارزۇ قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا پاھىشەنىڭ يېيىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، پاك ئاياللارغا تۆھمەت چاپلىغان ۋە تۆھمەتنى تارقاتقان ئادەملەر دۇنيادا بەلگىلەنگەن جازاغا، تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. سىلەر بولساڭلار بىر - بىرىڭلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمەيسىلەر، ئىشلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئۇقمايسىلەر. شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە سۆزلىرىگە قارىتا مۇئامىلە قىلىڭلار، ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، دەلىل بىلەن قارار بېرىڭلار، ئىلمىي ئاساسىڭلار بولمىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرمەڭلار، بىراۋغا تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (24-سۈرە نۇر، 20-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى
    وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ وَأَنَّ اللَّهَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
    ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى (سىلەرنى قاتتىق جازالايتتى)، ئاللاھ شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى ۋە ئاللاھ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان بولمىسا ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئاللاھ شەپقەت قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى بولمىسا ئىدى، ھالىڭلار نېمە بولار ئىدى؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات ۋە رەھمەت قىلمىسا ئىدى، ئاللاھ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك بولمىسا ئىدى، سىلەرنى دەرھال جازالىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بەردى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ وَمَنْ يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ ۚ وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ مَا زَكَىٰ مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ أَبَدًا وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يُزَكِّي مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) گە، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى ۋەلېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، شەيتان ئۇنى قەبىھ سۆز ـ ھەرىكەتلەرگە ۋە يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچ ئادەم ئەبەدىي پاك بولماس ئىدى ۋە لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر بىلىپ قويسۇنكى، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەبىھ ئىشلارغا ۋە يامان سۆز - ھەرىكەتلەرگە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم مەڭگۈ پاك بولالمايتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ قەدىم دۈشمىنىڭلار بولۇپ، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشۈڭلارنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ. كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، ئۇ قەبىھ ۋە يامان ئىشلارنى قىلىدۇ. چۈنكى شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەبىھ ئىشلارغا ۋە يامان سۆز - ھەرىكەتلەرگە، بولۇپمۇ يالغان سۆزلەرنى ئېيتىشقا، بىرى - بىرىڭلارغا تۆھمەت چاپلاشقا، شۇنداقلا ئىتتىپاقلىقىڭلارغا دەخلى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئىلتىپات ۋە رەھمەت قىلىپ سىلەرنى تەۋبىگە مۇيەسسەر قىلمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم گۇناھنىڭ كىرىدىن، ئاسىيلىقنىڭ مەينىتىدىن ۋە جىنايەتنىڭ قاسمىقىدىن مەڭگۈ پاك بولالمايتتى؛ ھەر گۇناھتا جازاغا لايىق بولغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۆز ئىلتىپات ۋە رەھمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ (يەنى سەمىمىي تەۋبە قىلغان بەندىسىنىڭ) تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى پاكلايدۇ. ئاللاھ ھەر سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ھەر نىيەت ۋە ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ تەۋبىسىدە سەمىمىي بولغانلارنى ئەپۇ قىلىپ ئۇنى گۇناھلىرىدن پاكلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. وَلَا يَأْتَلِ أُولُو الْفَضْلِ مِنْكُمْ وَالسَّعَةِ أَنْ يُؤْتُوا أُولِي الْقُرْبَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ وَلْيَعْفُوا وَلْيَصْفَحُوا ۗ أَلَا تُحِبُّونَ أَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا بىر نەرسە بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاراڭلاردىكى خەيرخاھ بايلار تۇغقانلىرىغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا ياردەم قىلىشقا سەل قارىمىسۇن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلسۇن ۋە ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق قىلسۇن. ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئاراڭلاردىكى خەيرخاھ بايلار تۇغقانلىرىغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا ياردەم قىلىشقا سۇسلۇق قىلمىسۇن، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىسۇن، خاتالىقىدىن ئۆتسۇن، ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق قىلسۇن. ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ياقتۇرۇسىلەر، شۇنداق ئەمەسمۇ! ئۇنداقتا، سىلەر ئۆزۈڭلارغا يامانلىق قىلغان، ئالدىڭلاردا كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن ۋە خاتالىق قىلىپ ئىچىڭلارنى پۇشۇرغان كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىڭلار، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، سىلەرنى يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ ۋە سىلەرگە ئىنئام ئاتا قىلىدۇ. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك، بۇ ئايەتلەر ئائىشە رەزىيۇەللاھۇ ئەنھاغا مەلۇم بوھتان چاپلانغاندىن كېيىن نازىل بولغان. ئۇ ئىشنىڭ جەريانى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بولغان ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «بەنى مۇستەلىق غازىتى (مۇرەيسىئـ غازىتى)»غا ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىدۇ ۋە مەدىنىگە قايتىشىدا قوشۇنى بىلەن بىر يەرگە چۈشۈپ دەم ئالىدۇ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا قوشۇننى مېڭىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ئەسنادا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھاجەت قىلىش ئۈچۈن قونالغۇدىن چەترەك بىر جايغا كېتىدۇ. ۋە قايتىپ كەلگەندە بويۇنچىقىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن «مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ» دېگەن ئوي بىلەن بويۇنچىقىنى ئىزدىگىلى كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇقتا ئۇنى تېپىپ مارجانلىرىنى يىغىپ بولغۇچىلىك كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئەسنادا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كاجۋىسىنى تۆگىسىگە ئېلىش ۋە چۈشۈرۈشكە مەسئۇل كىشىلەر ئۇنى كاجۇۋىدا بار دەپ ئويلاپ كاجۇۋىنى تۆگىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە قوشۇن يۈرۈپ كېتىدۇ. كاجۇۋىنىڭ ئىچىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يوقلىقى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بويۇنچىقىنى تېپىپ قوشۇن قالغان جايغا كېلىدۇ ۋە ئۇ يەردە ھېچ كىم قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ «مېنى ئىزدەپ كېلىدۇغۇ» دېگەن ئوي بىلەن شۇ يەردە ئۇلتۇرىدۇ ۋە كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپ قالىدۇ. قوشۇننىڭ ئارقا قاراۋۇللىرىدىن سەفۋان ئىبنى مۇئەتتەل سۇلەمى ئىسىملىك ساھابە بۇ يەرگە ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنتۇلۇپ قالغان نەرسە - كېرەك بارمۇ يوقمۇ دەپ تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرۈپ: «ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!» دەپ توۋلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئويغىنىپ يۈزىنى ياپىدۇ، سەفۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىككىسى ھېچ سۆز قىلىشمايدۇ، سەفۋان تۆگىسىنى چۆكتۈرىدۇ، ئائىشە مىنىدۇ. سەفۋان تۆگىنى يىتىلەپ قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىدۇ؛ ئۇ پىيادە ماڭغانلىقى ئۈچۈن تۆگىنى ھەرقانچە تېز يىتىلەپ ماڭغان بولسىمۇ قوشۇنغا چۈشـلۈك دەم ئېلىۋاتقان چاغلىرىدا يېتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كېچىكىپ كېلىشى باشتا خاتا چۈشىنىلمىگەن، ھەتتا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇنافىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلنىڭ پىتنە - ئىغۋا تارقىتىشى بىلەن، كېيىن مۇھىم ھادىسىگە ئايلىنىپ مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئارىسىدا ئىچكى ھۇزۇرسىزلىق ۋە بىئارامچىلىققا سەۋەبچى بولىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى خەزرەج قەبىلىسىنىڭ رەئىسى ۋە مەدىنىنىڭ باشلىق نامزاتى ئىدى. ئۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كېلىشى بىلەن بۇ باشلىقلىقتىن مەھرۇم قالغان. بۇ قېتىم ئەنە شۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلنىڭ ۋە مۇنافىقلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ھاقارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئېيتقان ناشايان سۆزلىرى، بەزى مۇئمىنلارنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن قىسقا مۇددەتتە مەدىنىگە تارقالغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولسا، مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كېسەل بولۇپ بىر ئاي يېتىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇ بەتنامدىن ھېچ خەۋىرى بولمايدۇ، لېكىن ئۇ بۇ بىر ئاي مابەينىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغان چاغلىرىدىكىدەك كۆڭۈل بۆلمەي، پەقەت ھوجرىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ: «قانداق ئەھۋالىڭىز؟» دەپلا قويۇشىدىن زور گۇمانغا چۈشىدۇ. ئۇ، كېسىلىدىن ساقىيىشقا باشلىغاندا، دادىسىنىڭ ھاممىسىنىڭ قىزى ئۇممۇ مىستەھتىن، ئۇنىڭ ئوغلى مىستەھ ئىبنى ئوساسەنىڭ بۇ پىتنە - ئىغۋالارنى ئېيتقانلىقىنى تاسادىپىي ئاڭلايدۇ ۋە ئىچ پۇشۇقىدىن كېسىلى قايتا قوزغىلىدۇ، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئادىتى بويىچە ئەھۋال سورىغىلى كەلگەندە ئىجازەت سوراپ دادىسىنىڭ ئۆيىدە يېتىشقا كېتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھادىسىگە ناھايىتى قايغۇرىدۇ ۋە قانداق ھۆكۈم بېرىش توغرىسىدا كۈنلەرچە تەرەددۇت قىلىدۇ، ئاخىرى بىر كۈنى بەزى يېقىنلىرىدىن ۋە ئائىلىسىدىكى چوڭلاردىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئائىشەدىن ھەرگىزمۇ گۇمان قىلمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، بەزىلىرى ئائىشەدىن ئايرىلىپ كېتىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى پۇرىتىدۇ ۋە ئائىشەنىڭ خىزمەتچىسى «بەرىرە» ئىسىملىك ئايالدىن بىرەر ئىش سىزىپ سەزمىگەنلىكىنى سوراش لازىمقىلىنى ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ خىزمەتچىدىن ئائىشەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سورايدۇ، خىزمەتچى ئائىشە ھەققىدە ياخشى سۆزلەرنى ئېيتىدۇ. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەسجدتە مىنبەرگە چىقىپ مەسىلىنى جامائەتكە ئاچىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئائىشە بىلەن سەفۋان توغرىسىدا ياخشىلىق سەزگەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى بو توغرىدا رەنجىتكەنلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ پىتنە - ئىغۋالارنىڭ تۈگىشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەۋس قەبىلىسى بىلەن خەزرەج قەبىلىسىنىڭ رەئىسلىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش باشلاپ ئىككى قەبىلە مەنسۇپلىرى ئارىسىدا جېدەل چىققىلى تاس قالىدۇ ۋە مۇھممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاي دېيىشى بىلەن غەلۋە بېسىقىدۇ. بىر كۈنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بېرىدۇ ۋە ئولتۇرىدۇ ، ئاندىن: «ئى ئائىشە! سەن توغرۇلۇق تۈرلۈك سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، ئەگەر سەن بۇ ئىشتىن پاك بولساڭ، ئاللاھ سېنى ئاقلايدۇ. ناۋادا بىرەر گۇناھ قىلغان بولساڭ تەۋبە قىلغىن. ئىنسان گۇناھىنى ئىقرار قىلىپ تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ» دەيدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى سورايدۇ، ئاتا - ئانىسى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نېمە دېيىشىمىزنى بىلمەيمىز» دەيدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «سىلەر بۇ سۆزلەرگە ئۇ قەدەر ئىشەنگەنسىلەركى، ئەگەر مەن: «مەن پاك» دېسەم ئىشەنمەيسىلەر، ئاللاھ بىلىدۇكى، مەن پاكتۇرمەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق تۆھمەتنى ئۈستۈمگە ئالسام چوقۇم ئىشىنىسىلەر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرگە ئېيتىش ئۈچۈن پەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەمدى چىرايلىقچە سەۋر قىلىشىم كېرەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تىلىنىدىغان يېگانە مەدەتكاردۇر» دېگەن سۆزدىن باشقا بىر مىسال تاپالمايمەن دەپ ئۆرۈلۈپ ئورنىدا ياتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن قوزغىلىپ بولغۇچىلىك يۇقىرىدىكى (11 ~ 21 - ) ئايەتلەر نازىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ تۇرۇپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئى ئائىشە! ئاللاھ سېنى ئاقلىدى» دەيدۇ، ئانىسى: «قىزىم! ئورنۇڭدىن تۇر، رەسۇلۇللاھقا رەھمەت ئېيت» دەيدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ياق، مەن پەقەت مېنى ئاقلىغان ئاللاھقا ھەمد ئېيتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ تۆھمەتنى چاپلاشقا قاتناشقانلاردىن مىستەھ ئىبنى ئۇساسە، ھەسسان ئىبنى سابىت ۋە ھەمنە بىنتى جەھشلەرگە بۇ سۈرىنىڭ 4 - ئايىتىدە بەلگىلەنگەن سەكسەن دەررە ئۇرۇش ۋە گۇۋاھلىقىنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى جازالىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. لېكىن بۇ تۆھمەتنى چاپلىغۇچىلارنىڭ كاتتىۋېشى بولغان مۇنافىق ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلغا ئۇ جازالارنى ئىجرا قىلمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە قويغان ياكى باشقا بىر مەسلىھەت ئۈچۈن ئىجرا قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە بىر ئاي بويىچە مەدىنىنى قاپلىغان يامان گۇمان ۋە بىئاراملىق بۇلۇتلىرى تارقىلىپ ھاۋا ئېچىلىدۇ، مۇنافىقلار رەسۋا بولىدۇ. مىستەھ ئىبنى ئۇساسە، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۇغقىنى (ھاممىسىنىڭ نەۋرىسى) ۋە پېقىر كىشى ئىدى، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى. مىستەھ بۇ تۆھمەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا بېرىپ كەلگەن نەپىقىنى توختىتىپ قويىدۇ. بۇ توغرۇلۇق بۇ سۈرىنىڭ 22 - ئايىتى نازىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مىستەھكە بېرىدىغان نەپىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا 17 - ئايەتتە «ئاللاھ، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار مۇنداق ئىشنى ھەرگىزمۇ قايتا قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ» دېگەندىن كېيىن، ئۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە مەزكۇر نەسىھەتنى بايان قىلىدۇ، جۈملىدىن 23 ~ 25 - ئايەتلەردىمۇ ئۇ نەسىھەتنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىنىڭ پاكلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (24-سۈرە نۇر، 23-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب غەيۋەت
    إِنَّ الَّذِينَ يَرْمُونَ الْمُحْصَنَاتِ الْغَافِلَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ لُعِنُوا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
    يامان ئىشتىن بىخەۋەر، ئىپپەتلىك، مۆمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىپپەتلىك ۋە يامان ئىشتىن خەۋەرسىز مۇئمىن ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    پاھىشە قىلىش تۈگۈل، ئۇنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ۋە ئىماننى لايىق رەۋىشتە ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن ئىپپەتلىك ئاياللارغا بەتنام چاپلىغان كىشىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (24-سۈرە نۇر، 24-ئايەت) گۇۋاھلىق ۋە دەلىل ھىساب
    يَوْمَ تَشْهَدُ عَلَيْهِمْ أَلْسِنَتُهُمْ وَأَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ كۈن-قىيامەت كۈنى-دە ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئۇ ئازابقا قىيامەت كۈنى دۇچار قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئۇلار ھېچبىر قىلمىشىنى ئىنكار قىلالمايدۇ، شۇنداقلا جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (24-سۈرە نۇر، 25-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    يَوْمَئِذٍ يُوَفِّيهِمُ اللَّهُ دِينَهُمُ الْحَقَّ وَيَعْلَمُونَ أَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ الْمُبِينُ
    شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا تېگىشلىك جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى ئۇلارغا تولۇق بېرىدۇ. ئۇلار ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ؛ ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى، ئىبادەتكە ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەت، سۆزى راست، ئىشى توغرا ۋە ھۆكمى ئادىل ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى چاغلىرىدا كۆڭلىدىن كەتكىلى ئۇنىمىغان شەك - شۈبھە ۋە گۇمانلىرى يوقاپ كېتىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مەزكۇر تۆھمەتنى چاپلىغان مۇنافىقلارنىڭ بۇ دۇنيادا تەۋبە قىلماستىن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇلار مۇنافىقلىقنى ۋە بۇ تۆھمەتنى چاپلاشنى ئاخىرقى تىنىقىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئۆلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادا لەنەتگەردى بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى لەنەتگەردىلىكى بولسا، قىيامەت كۈنى ئەپۇ قىلىنماسلىقىدۇر. ئۇلار مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (24-سۈرە نۇر، 26-ئايەت) ياخشى سۆز تەقۋادارلىق
    الْخَبِيثَاتُ لِلْخَبِيثِينَ وَالْخَبِيثُونَ لِلْخَبِيثَاتِ ۖ وَالطَّيِّبَاتُ لِلطَّيِّبِينَ وَالطَّيِّبُونَ لِلطَّيِّبَاتِ ۚ أُولَٰئِكَ مُبَرَّءُونَ مِمَّا يَقُولُونَ ۖ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَرِزْقٌ كَرِيمٌ
    يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن، (نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىكى) ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يامان ئاياللار يامان ئەرلەرگە لايىقتۇر، يامان ئەرلەر يامان ئاياللارغا لايىقتۇر، ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەر ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر، ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ چاپلىغان بوھتانلىرىدىن پاكتۇر، ئۇلار مەغپىرەتتىن ۋە ئېسىل رىزىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ناپاك ئاياللار ناپاك ئەرلەر ئۈچۈندۇر، ناپاك ئەرلەر ناپاك ئاياللار ئۈچۈندۇر. پاك ئاياللار پاك ئەرلەر ئۈچۈندۇر، پاك ئەرلەر پاك ئاياللار ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇ پاك ئىنسانلار، ئۇلار چاپلىغان بوھتاندىن بەك يىراقتۇر. ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىق بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ناپاك ئاياللار ۋە ناپاك سۆز - ھەرىكەتلەر ناپاك ئەرلەرگە لايىقتۇر، ناپاك ئەرلەر ناپاك ئاياللارغا ۋە ناپاك سۆز - ھەرىكەتلەرگە لايىقتۇر. پاك ئاياللار ۋە پاك سۆز ھەرىكەتلەر پاك ئەرلەرگە لايىقتۇر، پاك ئەرلەر پاك ئاياللارغا ۋە پاك سۆز - ھەرىكەتلەرگە لايىقتۇر. ئەنە شۇ پاك ئىنسانلار، ناپاك ئىنسانلار چاپلىغان ناپاك ئىشتىن پاكتۇر، يىراقتۇر، ئادا - جۇدادۇر. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئەپۇ ۋە ئىنايىتىگە، شۇنداقلا جەننەتتە ئېسىل رىزىقلارغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى كۆرسىتىدۇ، پاك ئادەم ناپاك سۆزنى قىلمايدۇ، پاك ئەر ناپاك خوتۇن بىلەن پاك ئايال ناپاك ئەر بىلەن نىكاھلانمايدۇ. ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەرلىك ماقامىغا لايىق كۆرۈلگەن پاك كىشىنىڭ ئاياللىرىمۇ پاك بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ھەققىدە مەزكۇر ناپاك سۆزلەرنى قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارىسۇن. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىىڭ بېشىدا ئىككى (2 - ۋە 3 -) ئايەتتە زىنا جىنايىتىنىىڭ جازاسىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 26 - ئايەتكىچە پاك ئاياللارغا زىنا تۆھمىتى چاپلاشنىڭ جازالىرىنى بايان قىلىدۇ. 27 ~ 29 - ئايەتلەردە بولسا، بىر - بىرىنى يوقلىشىش ۋە ئۆزئارا باردى - كەلدى قىلىشىشنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ، شۇنداقلا بىراۋنىڭ تۆھمىتىگە قېلىشتىن ۋە بىراۋغا تۆھمەت چاپلاشتىن ساقلىنىش يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّىٰ تَسْتَأْنِسُوا وَتُسَلِّمُوا عَلَىٰ أَهْلِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
    ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگۈچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار (يەنى بۇ گۈزەل ئەخلاق ـ ئەدەبكە ئەمەل قىلىشىڭلار) ئۈچۈن بۇ (يەنى ئىجازەت سوراپ ۋە سالام بېرىپ كىرىش ئۇشتۇمتۇت كىرىشتىن) سىلەرگە ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن باشقا ئۆيلەرگە ئۆزلىرىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ، ئىجازەت ئالماستىن ۋە ئۆي ئەھلىگە سالام بەرمەستىن كىرمەڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بۇ نەسىھەتنى ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن باشقا ئۆيلەرگە كىرمەكچى بولساڭلار، ئۇ ئۆيلەرنىڭ ئىگىلىرگە ئۆزۈڭلارنى تونۇتۇپ كىرىشكە ئىجازەت سوراڭلار، ئەگەر ئۆي ئەھلى كىرىشكە ئىجازەت بەرسە ئۇلارغا سالام قىلىپ ئاندىن كىرىڭلار. ئۇ ئۆيلەرگە بۇ شەكىلدە كىرىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئىجازەتسىز ۋە سالامسىز كىرىشتىن ياخشىدۇر. ئاللاھ سىلەرگە بۇ نەسىھەتنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (24-سۈرە نۇر، 28-ئايەت) باشقىلارنى ھۆرمەتلەش
    فَإِنْ لَمْ تَجِدُوا فِيهَا أَحَدًا فَلَا تَدْخُلُوهَا حَتَّىٰ يُؤْذَنَ لَكُمْ ۖ وَإِنْ قِيلَ لَكُمُ ارْجِعُوا فَارْجِعُوا ۖ هُوَ أَزْكَىٰ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
    ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگۈچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇ ئۆيلەردە ھېچ ئادەم تاپالمىساڭلار سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگۈچە ئۇلارغا كىرمەڭلار. ئەگەر سىلەرگە «قايتىڭلار» دېيىلسە قايتىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئۇ ئۆيلەردە سىلەرگە ئىجازەت بېرىدىغان بىرەر ئادەم تاپالمىساڭلار كىرمەڭلار، تاكى ئۆي ئىگىسى پەيدا بولۇپ سىلەرگە ئىجازەت بەرگەن تەقدىردىلا كىرىڭلار. ئەگەر ئۇ ئۆيلەردە ئادەم بار بولۇپ سىلەرگە كىرىش ئۈچۈن ئىجازەت بەرمىسە قايتىپ كېتىڭلار. قايتىپ كېتىش شەنىڭلارنى پاك تۇتىدۇ، ھۆرمىتىڭلارنى ساقلايدۇ، ئېتىبارىڭلارنى ئاشۇرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ھېسابىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ياشاڭلار، جۈملىدىن ئۆي ئىگىسى كىرىشكە ئىجازەت بەرمىسە توغرا چۈشىنىڭلار؛ رەنجىمەستىن، خاپا بولۇپ كەتمەستىن ۋە كۆڭۈل ئاغرىتماستىن قايتىپ كېتىڭلار. بۇ (27 ۋە 28 -) ئىككى ئايەتتىكى ئەمر ۋە نەسىھەتلەرنىڭ ھېكمىتى شۇكى: ئاللاھ تائالا ئۆيلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە ئارامگاھ قىلىپ بەرگەن، ئۆيلەر، يات ئادەملەر خالىغانچە كىرەلمەيدىغان، ئەكسىچە ئۆي ئىگىسىدىن ئىجازەت سوراپ ئىجازەت بەرگەندە سالام قىلىپ كىرىدىغان بولغاندىلا ئۆز ئىگىلىرى ئۈچۈن ئارامگاھ بولىدۇ. چۈنكى مۇشۇ تەقدىردىلا ھەر كىشى ئۆز ئۆيىدە بەھۇزۇر ئولتۈرالايدۇ، خاتىرجەم ئارام ئالالايدۇ ۋە نامەھرەملەرنىڭ كۆزلىرىدىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ھېس قىلماستىن چالغىنىچە ياشىيالايدۇ. بىرەر يات ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز كىرىشى ئۇنى بىئارام قىلىدۇ، ھەتتا چۆچۈتىدۇ. بىر ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى يەنە بىر ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى باشلانغان يەردە تۈگەيدۇ. بىراۋنىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز كىرىش بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئەركىنلىك ساھەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدۇ. ناۋادا كىرمەكچى بولغان كىشى يالغۇز بىر ئەر، ئۆيدىكى كىشى يالغۇز بىر ئايال ياكى كىرمەكچى بولغان كىشى يالغۇز بىر ئايال، ئۆيدىكى كىشى يالغۇز بىر ئەر بولسا، بۇ تەقدىردە نامەھرەم بىلەن يالغۇز بىر يەردە تۇرۇپ قېلىش مەيدانغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ زىناغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ «زىناغا يېقىنلاشماڭلار» دېگەن مەنىدىكى سۆزىگە رىئايە قىلمىغان بولىدۇ. بۇ تەقدىردە خەتەر قاتمۇقات ئارتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ يەنە بىر خەتەرلىك تەرىپى شۇكى، بىراۋنىڭ ئۆيىگە تۇيۇقسىز كىرىش كىرگۈچى بىلەن ئۆي ئىگىسى ھەققىدە ياكى كىرگۈچى بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ بىرى ھەققىدە پىتنە - ئىغۋا تارقىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋە ئائىلىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئېتىبارىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئىجازەت سورىماي تۇيۇقسىزلا كىرگەن كىشى ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆي ئىگىسىنىڭمۇ ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولىدۇ. بۇ ئىش قەتئىي توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ھۆرمەتلىك قىلغان. شۇڭلاشقا ئىنسانلار بىر - بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىشى، بىر - بىرىنىڭ قەدىر - قىممەت ھوقۇقىغا رىئايە قىلىشى، بىر - بىرىنىڭ خۇسۇسىي ساھەلىرىگە ئىجازەت ئالماستىن كىرمەسلىكى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (24-سۈرە نۇر، 29-ئايەت) باشقىلارنى ھۆرمەتلەش
    لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ مَسْكُونَةٍ فِيهَا مَتَاعٌ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ
    شەخسىي تۇرالغۇ بولمىغان (يەنى دۇكان ـ سارايلارغا ئوخشاش) ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شەخسىي تۇرالغۇ بولمىغان ئۆيلەرگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يوشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئادەم ئولتۇرمايدىغان، ئىچىدە سىلەر ئۈچۈن بىرەر مەنپەئەت بولغان ئۆيلەرگە ئىجازەتسىز كىرىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر دۇكان، مەسچىت ۋە مېھمانخانىغا ئوخشىغان ئاممىۋى ئۆي - ئىمارەتلەرگە كىرمەكچى بولساڭلار، ئۇلارغا ئىجازەتسىز كىرسەڭلار بولاۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇنداق ئۆيلەر بىرەر كىشىگە خاس بولماستىن كەڭ ئاممىغا ئوچۇق بولۇپ، خالىغان كىشى خالىغان چېغىدا كىرىپ ئۇ ئۆيلەردە سۇنۇلغان خىزمەتتىن پايدىلانسا بولىدۇ. مەسىلەن: خالىغان كىشى خالغان چېغىدا بىرەر دۇكانغا كىرىپ ئېلىش - بېرىش قىلسا، بىرەر مەسچىتكە كىرىپ ئىبادەت قىلسا، بىرەر مېھمانخانىغا كىرىپ كۆرسىتىپ بېرىلگەن ياتاقتا قونۇپ قالسا بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق جايلارنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشى ئومۇمىي ئىجازەت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بولۇپمۇ بۇ ئەدەپ - قائىدىلەرگە رىئايە قىلىڭلار، نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار بۇ دۇنيادا كۆڭلۈڭلار خاتىرجەم، تۇرمۇشىڭلار بەختلىك بولىدۇ. ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىسىلەر. ئاللاھ تائالا 27 ~ 29 - ئايەتلەردە ئۆزئارا يوقلىشىش ۋە بىر - بىرىنى زىيارەت قىلىشىش ئەسناسىدا بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرىشتە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرنى ئۆگىتىدۇ، 30 - ۋە 31 - ئايەتلەردە بولسا، بىراۋنىڭ ئۆيگە كىرگەندە ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىدە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەرنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (24-سۈرە نۇر، 30-ئايەت) ئىپپەت ئىپپىتىنى ساقلاش
    قُلْ لِلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ
    مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى: قاراشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قىسسۇن، ئەۋرەتلىرىنى -زىنادىن- ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكىزدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەم ئاياللارغا كۆزلىرىنى تىكمىسۇن (جىددىي قارىمىسۇن)، ئەۋرەت يەرلىرىنى ياپسۇن ۋە قانۇنسىز مۇناسىۋەتلەردىن ساقلىسۇن (ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن). مۇشۇنداق قىلىش ئۇلارنى گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن ۋە بەتنام چاپلىنىشتىن ساقلايدۇ، شۇنداقلا كۆڭۈللىرىنى يامان خىيال، خاتا ئوي ۋە بولمىغۇر ۋەسۋەسىلەردىن پاك تۇتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى، جۈملىدىن ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىپ قىلمىغانلىقىنى، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ سالمىغانلىقىنى ۋە تەلىماتلىرىغا رىئايە قىلىپ قىلمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. وَقُلْ لِلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ ۖ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِ ۖ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِنْ زِينَتِهِنَّ ۚ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
    مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن. تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيىن ئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، دىنداش ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن. ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى: قاراشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قىسسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلار! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن - ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[3] -. ياغلىقلىرى بىلەن بويۇن ۋە كۆكسلىرىنى ياپسۇن[4]. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئۆز ئاتىلىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئاتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، ئۆيلىنىشكە ئېھتىياجى يوق ئەرلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە تەۋە بولغانلاردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەم ئەرلەرگە كۆزلىرىنى تىكمىسۇن، ئۇياتلىق يەرلىرىنى يۆگىسۇن ۋە قانۇنسىز مۇناسىۋەتتىن ساقلىسۇن (ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن)، نامەھرەم ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان يەرلەردە زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېكىن ئۆزلىرى ئاشكارا قىلمىسىمۇ ئاشكارا تۇرىدىغان زىننەتلىرىنى ئۆز پېتى ئاشكارا قويسا بولىدۇ. ئى مۇھەممەد! مۇئمىن ئاياللارغا شۇنىمۇ ئېيتقىن: ياغلىقلىرىنى ئارتىپ باشلىرىنى يۆگىسۇن، ياغلىقلىرىنىڭ ئەتراپىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېرىپ بويۇن ۋە كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن (ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن)، لېكىن ئۇلار زىننەتلىرىنى ئېرى، ئاتىسى، قېيناتىسى، ئوغۇللىرى، ئېرىنىڭ باشقا ئايالدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ئايال دوستلىرى، قۇل ۋە چۆرىلىرى، ياشىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۆيلىنىشكە ئېھتىياجى قالمىغان ئەرلەردىن ئۆزىگە (ئايالغا) تەۋە بولۇپ ياشىغۇچى ئەرلەر ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن نارەسىدە ئوغۇل بالىلار قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئاچسا بولىدۇ. مەخپىي زىننەتلىرىنىڭ بىلىنىشى ئۈچۈن پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن، نامەھرەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شەكىلدە ماڭمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار قىلىپ سالغان خاتالىقلىرىڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى، ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەرنىڭ يېنىدا ئاشكارا قىلسا بولمايدىغان زىننەتلىرى ۋە ئاشكارا قىلسا بولىدىغان زىننەتلىرى توغرىسىدا تەپسىر ئالىملىرى ئىختىلاپ قىلىشىدۇ: بەزىلىرى: «ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەرنىڭ يېنىدا ئاشكارا قىلسا (ئاچسا) بولمايدىغان زىننەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۈزۈك، بىلەزۈك، بويۇنچاق ۋە خەلخال (پۇتقا سالىدىغان زىننەت بۇيۇمى) قاتارلىق ئىچكى زىننەتلىرىدۇر، ئاياللار بۇ زىننەتلىرىنى ئەرلىرى، ئاتىلىرى، قېرىنداشلىرى... قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئاچسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نامەھرەم ئەرلەرنىڭ يېنىدا ئاشكارا قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن زىننەتلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ تاشقى كىيىملىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ كىيىملىرىنى نامەھرەم ئەرلەرگە ئاشكارا قىلسا بولىدۇ؛ تاشقى كىيىملىرىنى يەنە باشقا نەرسىلەر بىلەن يۆگىشى كېرەك ئەمەس» دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭچە، ئاياللارنىڭ يۈز ۋە قوللىرىنىمۇ يېپىشى پەرز بولىدۇ. بەزىلىرى: «ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەرنىڭ يېنىدا ئاشكارا قىلسا (ئاچسا) بولمايدىغان زىننەتلىرى ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىدۇر. ئۇلارنىڭ نامەھرەم ئەرلەرنىڭ يېنىدا ئاشكارا قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن زىننەتلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ۋە قوللىرى بولۇپ، ئۇلار ياغلىق ئارتىش ۋە ئىچكى - تاشقى كىيىملىرىنى كىيىش بىلەن بەدەنلىرىنى يۆگىشى لازىم، لېكىن يۈزلىرىنى ۋە قوللىرىنى يۆگىشى كېرەك ئەمەس» دەپ قارايدۇ. بۇ ئالىملار ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرى، ئاتىلىرى، ئۆز ۋە ئۆگەي ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، جىيەن ئوغۇللىرى، يېنىدا تۇرغۇزۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بەك قېرى ئەرلەر ۋە نارەسىدە ئوغۇللار قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يانلىرىدا ئېچىشىغا رۇخسەت بېرىلگەن زىننەتلىرىنى، ئاياللارنىڭ ئادەتتە زىننەت بۇيۇمى تاقايدىغان يەرلىرى (بويۇن، بىلەك ۋە پاقالچاقلىرى) ۋە چاچلىرى دەپ قارايدۇ. بۇ، مۇفەسسىر ۋە مۇجتەھىدلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ كۆزقارىشىدۇر. بۇ كۆزقاراشنى تۆۋەندىكى دەلىللەرمۇ تەكىتلەيدۇ: 1) بۇ ئىككى (30 - ۋە 31 -) ئايەتتە ھەر مۇئمىننىڭ قارشى جىنسقا تىكىلىپ قاراشتىن مەنئى قىلىنىشى، ئۇنىڭ قارشى جىنستا كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەزالارنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئاياللار ئۈچۈن قارشى جىنستا بار، ناۋادا ئاياللارغا يۈزلىرىنىمۇ يېپىش پەرز بولغان ۋە ئاياللار بۇ پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىنى ياپقان تەقدىردە ئەرلەرگە «تىكىلىپ قارىمىسۇن» دېگەن چەكلىمىنى قويۇشنىڭ ھاجىتى بولمايتتى. 2) ئاللاھ تائالا مائىدە سۈرىسىنىڭ 6 - ئايىتىدە تاھارەت ئالماقچى بولغان كىشىنى يۈزىنى يۇيۇشقا ۋە بېشىغا مەسىھ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ئىلاھىي بۇيرۇق يۈزنىڭ باشنى، باشنىڭ يۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئاياللارغا ياغلىقلىرىنى ئارتىش ۋە ياغلىقلىرىنىڭ ئەتراپىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق باش، بويۇن ۋە كۆكرەكلىرىنى يېپىشقا قىلىنغان ئىلاھىي بۇيرۇق، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىمۇ يېپىشى لازىملىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇنىڭ، مۇپەسسىرلەرنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ تەكىتلەيدۇ: جاھىلىيەت ئاياللىرى ياغلىقلىرىنى ئارقىسىدىن چىگەتتى، ئۇلارنىڭ ياقىلىرى ئالدىدا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گاللىرى ۋە بۇلاپكىلىرى ئوچۇق قالاتتى، بۇ ئايەت نازىل بولۇش بىلەن ئۇلار ياغلىقلىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلاشقا بۇيرۇلدى. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى، گەدەنلىرىنى، چاچلىرىنى، قۇلاقلىرىدىكى زىننەتلىرىنى، گاللىرىنى ۋە گاللىرىنىڭ ئەتراپىنى يۆگىشى ئۈچۈن ئىدى. 3) ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ﴿لَّا يَحِلُّ لَكَ ٱلنِّسَآءُ مِنۢ بَعۡدُ وَلَآ أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنۡ أَزۡوَٰجٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَكَ حُسۡنُهُنَّ ... ٥٢﴾ «ئى مۇھەممەد! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ - باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ - ساڭا ھالال بولمايدۇ» دەيدۇ. ئايەتتىكى «جامالى» يۈزنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل يۈزنىڭ ئوچۇق يەنى يۆگەلمىگەن بولۇشى كېرەك. يۆگەلگەن يۈز قارشى تەرەپنى مەپتۇن قىلالمايدۇ. 4) ئاللاھ تائالا بۇ سۈرە (نۇر)نىڭ 61 - ئايىتىدە بىر مۇئمىن ئۈچۈن ھەمداستىخان بولۇشقا بولىدىغان كىشىلەرنى ۋە تاماق يېيىشىگە بولىدىغان ئۆيلەرنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، جەم بولغانلارنىڭ تاماقنى تارقاق - تارقاق ھالەتتە يېسىمۇ، بىر يەرگە توپلىنىپ بىرلىكتە يېىسمۇ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. تاماق يېيىشكە بولىدىغان ئۆيلەرنىڭ بىرى كىشىنىڭ دوستىنىڭ ئۆيىدۇر. بىرەر كىشى بۇ رۇخسەتتىن پايدىلىنىپ ئائىلىسى بىلەن بىرەر دوستىنىڭ ئۆيىگە تاماق يېگىلى بارسا ۋە تاماقنى ھەممەيلەن بىر يەردە يېسە بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئۇ ئۆيدە ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى ئائىلىنىڭ جەم بولۇشى ياكى ئۆينىڭ ئىگىسى ئەر - خوتۇن ۋە سىرتتىن كەلگەن بىر يات ئەر ياكى بىر يات ئايال بولىدۇ، تاماق يېيىش ئۈچۈن ھەر كىشىنىڭ ئېغىزى، ئېغىزى ئورۇنلاشقان يۈزى ۋە تاماقنى ئېغىزا يەتكۈزىدىغان قولى قاتارلىق ئەزالىرى ئوچۇق بولىدۇ. بۇمۇ كۆرسىتىدۇكى، ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە قوللىرى ئەۋرەت ئەمەس، يەنى يۆگىشى پەرز ئەمەس. پۈتۈن بۇ دەلىللەر كۆرسىتىدۇكى: 1) ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنسانلارنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن، ئەر - ئاياللار ھالىتىدە ۋە ئىجتىمائىي ھالدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىلىپ ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىدە ئەر - ئاياللار ئارىلاش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئايرىلىپ ياشاشقا ئەمەس، ئەكسىچە ياشاش جەريانىدا مۇئەييەن قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشقا، شۇنداقلا ھەر جىنسنى ئۆز ھاياتىنى پاك - پاكىز داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ . 2) ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەرلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان يەرلەردە يۈز ۋە ئىككى قولىدىن باشقا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى، ئىچكى - تاشقى كىيىملىرىنى كىيىش ۋە بېشىغا چوڭ بىر ياغلىق (رومال) ئارتىش بىلەن يېپىشى پەرزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (24-سۈرە نۇر، 32-ئايەت) رىزىق نىكاھ
    وَأَنْكِحُوا الْأَيَامَىٰ مِنْكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ ۚ إِنْ يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
    ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ كەرىمى كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىچىڭلاردىكى بويتاق ئەر - ئاياللارنى ۋە قۇل - چۆرىلىرىڭلاردىن سالاھىيەتلىك بولغانلارنى نىكاھلاندۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار پېقىر بولسا ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئۇ بىلگۈچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن تېخى توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەرنى، يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر - ئاياللارنى، قۇل ۋە چۆرىلىرىڭلاردىن ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالايدىغانلىقىنى بايقىغىنىڭلارنى نىكاھلاندۇرۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئىشلىرىغا باشتىن - ئاخىر قول تىقىپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار، چۈنكى جەمئىيەتتە پاھىشىنىڭ يېيىلىشىنىڭ ۋە كىشىلەرگە بەتنام چاپلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى بويتاقلىقتۇر. شۇڭلاشقا ئەتراپىڭلاردىكى بويتاق قىز - يىگىت ۋە تۇل ئەر - ئاياللارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە جەمئىيەتتە سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەر بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئەگەر توي قىلماقچى بولغانلار پېقىر بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا توسالغۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار توي قىلغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى كەڭدۇر، ئاللاھ موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى بىلىدۇ. «نىكاھلاندۇرۇڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقنىڭ مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى: ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى جۈپ ياراتقان، جۈملىدىن ئىنساننىمۇ جۈپ ياراتقان؛ دەسلەپتە بىر جۈپ ئىنسان (بىر ئەر ۋە بىر ئايال) يارىتىپ، ئاندىن قالغان ئىنسانلارنى ئەر - ئاياللار ھالىتىدە ئۇ بىر جۈپ ئىنساندىن تۆرەلدۈرۈپ يەر يۈزىگە تارقاتقان. ئەر - ئاياللارنىڭ ئۆز ئىپپەتلىرىنى ساقلىشى ئۈچۈن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ يەز يۈزىدىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ، قىيامەتكە قەدەر ئۆز ھۆرمىتىگە لايىق شەكىلدە نەسىل قالدۇرۇشى بىلەن داۋاملىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نىكاھلىنىشنى يولغا قويغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق ۋە قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى باشقا مەخلۇقاتلار جەمئىيىتىدىن پەرقلىق قىلىپ شەكىللەندۈرگەن. بىر جۈپ ئەر - ئايالنىڭ نىكاھلىنىشى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت بىناسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرىنى قۇرۇش توختامىنى ئېلان قىلىشى دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئىشنى نىكاھلانماقچى بولغانلارنىڭ ئىككىسى قىلالمايدۇ، چۈنكى ئىككى تەرەپ ئەڭ باشتا تونۇشۇش، مەسلىھەتلىشىش، كېرەكلىك ئىشلارنى قارارلاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئەل - جامائەت يىغىلغان بىر مۇراسىمىدا ئېلان قىلىش... قاتارلىق ئىشلار جەمئىيەتتە سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەر، يۇرت ئاقساقاللىرى، ئىش بېشىدىكىلەر ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىلىرى ھەمدەم بولۇپ قىلىدىغان ئىشلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بۇ ئىشلارنى پۈتۈن مۇئمىنلارغا ۋەزىپە قىلغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەتراپىدىكى توي قىلمىغان قىز - يىگىت ۋە تۇل ئەر - ئاياللارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشى كېرەك؛ بىر جۈپ قىز - يىگىت ۋە ئەر - ئاياللارنىڭ نىكاھىنىڭ ئەڭ باشتىكى تونۇشۇش باسقۇچىدىن باشلاپ تاكى توي مۇراسىمىگىچىلىك بولغان جەريانىغا بىۋاسىتە قول تىقىشى، يول مېڭىشى ۋە قاتنىشىشى لازىم. بۇ ئايەتتە، توي قىلمىغان قىز - يىگىتلەر بولسۇن، يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى يولدىشىدىن تۇل قالغان ئەر - ئاياللار بولسۇن ئۇلارغا «نىكاھلىنىڭلار» دېيىلمەستىن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇئمىنلارغا «ئۇلارنى نىكاھلاندۇرۇڭلار» دېيىلىشى ئەنە شۇ مەنىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ھەر مۇئمىننى ئۆز ئەتراپىدىكى مۇئمىن قېرىندىشىنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. وَلْيَسْتَعْفِفِ الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ نِكَاحًا حَتَّىٰ يُغْنِيَهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَالَّذِينَ يَبْتَغُونَ الْكِتَابَ مِمَّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ فَكَاتِبُوهُمْ إِنْ عَلِمْتُمْ فِيهِمْ خَيْرًا ۖ وَآتُوهُمْ مِنْ مَالِ اللَّهِ الَّذِي آتَاكُمْ ۚ وَلَا تُكْرِهُوا فَتَيَاتِكُمْ عَلَى الْبِغَاءِ إِنْ أَرَدْنَ تَحَصُّنًا لِتَبْتَغُوا عَرَضَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَمَنْ يُكْرِهْهُنَّ فَإِنَّ اللَّهَ مِنْ بَعْدِ إِكْرَاهِهِنَّ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغىچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، قۇللىرىڭلاردىن توختام تۈزۈشنى تىلەيدىغانلار (يەنى خوجىسىغا مۇئەييەن پۇل ـ مال تۆلەش شەرتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى تىلەيدىغانلار) بىلەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى بايقىساڭلار، توختام تۈزۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان مال ـ مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى (ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىشقا ياردەم تەرىقىسىدە) ئۇلارغا بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى پاھىشىغا مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا)رەھىم قىلغۇچىدۇر(يەنى پاھىشىغا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، مەجبۇرلىغۇچىلارنى قاتتىق جازالايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن، ئەگەر ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى بايقىساڭلار، قۇللىرىڭلاردىن توختام تۈزۈشنى تىلەيدىغانلار[1] بىلەن، توختام تۈزۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان مال ـ مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلارغا بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ چۆرىلىرىڭلار ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنا مېلىنى دەپ ئۇلارنى ئەخلاقسىزلىققا مەجبۇرلىماڭلار، كىمكى ئۇلارنى ئەخلاقسىزلىق مەجبۇرلايدىكەن، مەجبۇرلانغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    توي قىلىشقا ئىمكانىيەت تاپالمىغانلار، ئاللاھ قىلىپ ئېھتىياجلىرى قامدىغانغا قەدەر ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. قۇل ۋە چۆرىلىرىڭلاردىن مۇئەييەن بەدەل تۆلەش شەرتى بىلەن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن سىلەر بىلەن توختام تۈزۈش تەلىپىدە بولغانلار بىلەن، ئەگەر ئۇلاردا ياخشىلىق بايقىساڭلار[5] توختام تۈزۈشۈڭلار. ئۇلارغا ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن مالدىن بېرىڭلار. دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى دەپ ئىپپەتلىك بولۇشنى خالىغان چۆرىلىرىڭلارنى گۇناھ قىلىشقا زورلىماڭلار. كىم ئۇلارنى زورلىسا، بىلسۇنكى، ئۇلار زورلانغاندىن كېيىن ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    لايىق تاپالماسلىق، تاپقان لايىقىنىڭ قوبۇل قىلماسلىقى، تويلۇققا (مېھر) ياكى توي چىقىمىغا قۇربى يەتمەسلىك دېگەندەك سەۋەبلەردىن نىكاھلىنىشقا ئىمكان تاپالمىغانلار، ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ ئىمكان ئاتا قىلغانغا قەدەر ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. قۇل ۋە چۆرىلىرىڭلاردىن سىلەر بىلەن توختام تۈزۈش تەلىپىدە بولغانلار بىلەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ تۈزۈشكەن توختامدىكى بەدەلنى تاپالىشىغا ۋە ۋاقتىدا تۆلىشىگە ئىشەنچ قىلالىساڭلار ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە توختام تۈزۈشۈڭلار، ئۇلار بىلەن توختام تۈزۈشكەندىن كېيىن زاكات، سەدىقە ۋە ئىئانە دېگەندەك ماددىي ياردەملەرنى بېرىش ياكى پۈتۈشكەن بەدەلنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىش بىلەن ئۇلارنىڭ زىممىسىدىكى بەدەلنى تۆلىشىگە ياردەملىشىڭلار. چۆرىلىرىڭلار ئەگەر ئىپپەتلىك بولۇشنى ئىرادە قىلسا، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۇلارنى پاھىشىگە زورلىماڭلار. كىم ئۇلارنى پاھىشىگە زورلايدىكەن، ئۇلار بۇ زورلىنىش ئاستىدا پاھىشە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلارنى جازالىمايدۇ، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ. پاھىشىنىڭ گۇناھى ئۇلارنى بۇ ئىشقا مەجبۇرلىغان خوجايىنغا بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ئايەتنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ، جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ يامان ئادەتلىرىدىن بىرى بولغان ۋە بەزى مۇنافىقلار داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «پۇل تېپىش ئۈچۈن چۆرىلىرىنى پاھىشىگە زورلاش» ئادىتىدىن توسۇش ئۈچۈن نازىل قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. وَلَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ آيَاتٍ مُبَيِّنَاتٍ وَمَثَلًا مِنَ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
    (ئى مۆمىنلەر!) بىز سىلەرگە روشەن ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتلەرنى شەك – شۈبھىسىز نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شەك - شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە روشەن ئايەتلەرنى، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن مىساللارنى ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتلەرنى نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى ئايەتلەر، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىدىن مىساللار ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن نەسىھەتلەر نازىل قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرگە قۇرئاندا، خۇسۇسەن بۇ سۈرىدە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان ئەھكام ۋە ئەدەپ - قائىدىلەرنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەر، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەردىن قىسسىلەر ۋە تەقۋادارلار پايدىلىنىدىغان نەسىھەتلەر نازىل قىلدۇق. سىلەر ئەھكاملارغا بويسۇنۇڭلار، ئەدەپ - قائىدىلەرگە رىئايە قىلىڭلار، قىسسەلەردىن ئىبرەت قىلىڭلار، نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىسىلەر. ئاللاھ تائالا 34 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ، ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 35 ~ 38 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ مَثَلُ نُورِهِ كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ ۖ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ ۖ الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ يُوقَدُ مِنْ شَجَرَةٍ مُبَارَكَةٍ زَيْتُونَةٍ لَا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ ۚ نُورٌ عَلَىٰ نُورٍ ۗ يَهْدِي اللَّهُ لِنُورِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَيَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ لِلنَّاسِ ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ (مۆمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراق قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس (سەھرادا ئوچۇقچىلىقتا بولۇپ، كۈن بويى ئۇنىڭغا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىسى پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ)، يېغى (ئەڭ سۈزۈك بولىدۇ، سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ نۇرىغا (يەنى قۇرئانغا) (ئەگىشىشكە) مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ئاللاھنىڭ نۇرى خۇددى تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراق باردۇر، چىراق شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر، شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر، چىراق مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ يېغى بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەستۇر، يېغى ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ نۇرىغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ كىشىلەرگە مىساللارنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئاللاھنىڭ نۇرى، ئىچىدە چىراغ بولغان بىر تەكچىگە ئوخشايدۇ. ئۇ چىراغ بىر شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇ شېشە خۇددى بىر گۆھەر پلانېتادۇر. ئۇ چىراغ شەرققىمۇ، غەربكىمۇ مەنسۇپ بولمىغان بەرىكەتلىك زەيتۇن دەرىخىنىڭ يېغى بىلەن يورۇتۇلىدۇ. ئۇ شۇنداق بەرىكەتلىك دەرەخكى، يېغى ئوت تەگمىسىمۇ يورۇتايلا دەپ تۇرىدۇ. ئۇ نۇر ئۈستىگە نۇردۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى نۇرىغا ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا مىساللارنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (35-38) ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى يارىتىپ ئۇلارنى يوقلۇق قاراڭغۇلۇقىدىن بار بولۇش يورۇقلۇقىغا چىقارغۇچىدۇر، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار بىلەن كائىناتنى يورۇتۇپ، ھەر نەرسىگە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش يولىنى كۆرسەتكۈچىدۇر، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى ئۆزىنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوق ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان شەكىلدە يارىتىپ، ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى، يېڭىلمەس قۇدرەت ۋە چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرغۇچىدۇر، پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش بىلەن ئىنسانلارنىڭ مېڭىشى كېرەك بولغان يولنى يورۇتۇپ بەرگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ئاخىردا نازىل قىلغان كىتابىنىڭ توغرا يولنى يورۇتۇشتىكى ئەھۋالى، ئەڭ ياخشى جايدا يېتىشكەن زەيتۇن دەرىخىنىڭ، ئەڭ ئەلا سورتلۇق مېۋىلىرىنىڭ، ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك يېغى بىلەن يورۇتۇلۇپ، تەقۋالىق ئۈستىگە قۇرۇلغان مەسجدنىڭ تېمىدىكى تەكچىدە (ئويۇقتا) قويۇلغان ئەڭ مۇكەممەل شىشىنىڭ ئىچىدىكى چىراغنىڭ ئەتراپنى يورۇتۇشتىكى ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ؛ ئۇ كىتابنىڭ ئايەتلىرى، خۇددى مەزكۇر ئالاھىدىلىكتىكى مۇكەممەل چىراغ، ئىخلاس ۋە تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىدنى يورۇتۇپ تۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا توغرا يولنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ؛ ھەق بىلەن باتىلنى، ھەقىقەت بىلەن ساختىنى، راست بىلەن يالغاننى ۋە توغرا بىلەن خاتانى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (24-سۈرە نۇر، 36-ئايەت) زىكىر ھەرەم مەسجىدى
    فِي بُيُوتٍ أَذِنَ اللَّهُ أَنْ تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ يُسَبِّحُ لَهُ فِيهَا بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ
    ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۆمىنلەر) ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ تەكچە، ئاللاھ ئۇلۇغلىنىشىغا ۋە ئىچىدە ئۆز ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا ئىجازەت بەرگەن ئۆيلەردىدۇر. ئۇ ئۆيلەردە بىر قىسىم كىشىلەر چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  37. رِجَالٌ لَا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ ۙ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ
    ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھ نى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان - قىيامەت كۈنى-دىن قورقىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، تىجارەت ۋە ئېلىم - سېتىمغا بېرىلىپ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشتىن، زاكاتنى بېرىشتىن غەپلەتتە قالمايدۇ. ئۇلار قەلبلەر ۋە كۆزلەر دەھشەت بىلەن سىلكىنىدىغان كۈندىن قورقىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (37-38) مەسجىدنىڭ تەكچىسىدىكى چىراغنىڭ يورۇقىدىن دۇنيالىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالماي مەسجىدكە كىرىپ، قىيامەتتىكى ھېسابتىن قورققانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىبادەت قىلغانلار پايدىلانغانغا ئوخشاش، قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىۋى نۇرىدىنمۇ ئۇنى ئاللاھنىڭ كىتابى دەپ قوبۇل قىلغان ۋە ئۇ كىتاب باشلىغان يورۇق يولغا كىرگەنلەر پايدىلىنىدۇ. دەرۋەقە قۇرئان كەرىم تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىدتە ياندۇرۇلغان مۇكەممەل چىراغدەك، ھەق بىلەن يارىتىلغان كائىناتتا ئاللاھ تائالا ياندۇرغان مەنىۋى نۇردۇر. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مەسجدتىكى چىراغنىڭ يورۇقىدىن مەسجىدكە كىرىپ لايىق رەۋىشتە تائەت - ئىبادەت قىلغانلار پايدىلانغاندەك، كائىناتتىكى قۇرئان كەرىمنىڭ يورۇقىدىنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئەستايىدىل بويسۇنغانلار پايدىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى يورۇقلۇق ئەسلىدە ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن يورۇتۇلغان، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇ يورۇقلۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلغانلار پايدىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىم، مۇئمىنلارغا رەھمەت ۋە شىپا، كافىرلارغا زىيان ۋە كورلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا 37 - ۋە 38 - ئايەتلەردە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاخىرەت ھاياتىدا ئېرىشىدىغان ئىلاھىي مۇكاپاتنى دۇنيالىق مەشغۇلاتلاردىن ئەلا بىلىپ تائەت - ئىبادەت قىلغان كىشىلەرنىڭ، قىلغان ئەمەللىرىگە قىيامەت كۈنى ئەڭ ياخشى مۇكاپات ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 39 - ۋە 40 - ئايەتلەردە بولسا، كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرگە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (24-سۈرە نۇر، 38-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات رىزىق
    لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا عَمِلُوا وَيَزِيدَهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَاللَّهُ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
    ئاللاھنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بەرسۇن دەپ (ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ). ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مەقسەتلىرى، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بېرىشى ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىشىدۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قىلغان ئەمەللىرىگە ئاللاھنىڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى ۋە ئارتۇق ئىنئام قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  39. وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَعْمَالُهُمْ كَسَرَابٍ بِقِيعَةٍ يَحْسَبُهُ الظَّمْآنُ مَاءً حَتَّىٰ إِذَا جَاءَهُ لَمْ يَجِدْهُ شَيْئًا وَوَجَدَ اللَّهَ عِنْدَهُ فَوَفَّاهُ حِسَابَهُ ۗ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ
    كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرمەيدۇ)، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز يېنىدا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلمىشىغا تېگىشلىك جازا بېرىدۇ، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلارنىڭ ئەمەللىرى پايانسىز چۆللەردە كۆرۈنىدىغان سەراپقا [6] ئوخشايدۇ. تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ يەرگە بارسا ھېچ نەرسە تاپالمايدۇ، ئۇ يەردە ئاللاھنى ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭدىن تولۇق ھېساب ئالىدۇ[7]. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    كافىرلار ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە بويسۇنمايدۇ، پەيغەمبەرلىرىگە ئەگەشمەيدۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئاجىز - ئورۇقلارغا خەير - ساخاۋەت، تۇغقانلىرىغا سىيلە - رەھىم ۋە ياخشى ئىشلارغا ئىئانە... دېگەندەك ياخشى ئىشلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئويى خاتادۇر، چۈنكى ياخشى ئىشلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىمان شەرتتۇر. شۇڭلاشقا كافىرلارنىڭ بۇ خىل ياخشى ئىشلىرى، چۈش ۋاقىتلىرىدا ئاتموسفېرادىكى نۇرنىڭ سۇنۇشى تەسىرىدە چۆل - باياۋانلاردا شەكىللىنىدىغان پارقىراقلىققا ئوخشايدۇكى، تەشنا ئادەم ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ سۇ دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ ئادەم ئۇ پارقىراقلىق كۆرۈنگەن يەرگە بارسا ھېچ نەرسە تاپالمايدۇ. كافىرلارمۇ خۇددى شۇ تەشنا ئادەم سەراپنى سۇ دەپ ئويلاپ ئۇنى ئىچكىلى بارغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ياخشى ئىشلىرىنى ئەسقاتىدۇ دەپ ئويلاپ قىيامەت كۈنى ئۇ ئەمەللىرىنىڭ پايدىسىنى ئالغىلى بارغان يېرىدە ئاللاھنى ئۇچرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلاردىن تولۇق ھېساب ئالىدۇ؛ ئۇلارنى كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقلىرى سەۋەبلىك دوزاخ بىلەن جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. أَوْ كَظُلُمَاتٍ فِي بَحْرٍ لُجِّيٍّ يَغْشَاهُ مَوْجٌ مِنْ فَوْقِهِ مَوْجٌ مِنْ فَوْقِهِ سَحَابٌ ۚ ظُلُمَاتٌ بَعْضُهَا فَوْقَ بَعْضٍ إِذَا أَخْرَجَ يَدَهُ لَمْ يَكَدْ يَرَاهَا ۗ وَمَنْ لَمْ يَجْعَلِ اللَّهُ لَهُ نُورًا فَمَا لَهُ مِنْ نُورٍ
    ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشى دەپ گۇمان قىلغان) ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى (يەنى دېڭىزنى) قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. (مانا بۇ) قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، (بۇ قاراڭغۇلۇققا گىرىپتار بولغۇچى) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىسا، كىم بولمىسۇن، نۇرنى كۆرەلمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان ئادەم ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇنى قاتمۇقات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ تۇرىدۇ. مانا بۇ قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، قولىنى چىقارسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىغان كىشىنىڭ نۇرى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇقلارغا ئوخشايدۇ. دېڭىزنىڭ ئۈستىنى بىر دولقۇن قاپلاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر دولقۇن، ئۇنىڭ ئۈستىدە بۇلۇت. مانا بۇ قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردۇر. ئەگەر ئىنسان ئۇ يەردە قولىنى چىقارسا ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىگە نۇر ئاتا قىلمىسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ نۇر بولمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلارنىڭ يامان ئىشلىرى، ناھايىتى زىچ قارا بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا ئۈستى - ئۈستىلەپ ئۆركەشلەۋاتقان دولقۇنلار قاپلاپ تۇرىدىغان چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلارغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئەنە شۇنداق قاراڭغۇلۇقلاردا كېمىدە بولغان ئىنسان قولىنى چىقارسا ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ كىشىنىڭ قوللىرى كۆزلىرىگە بەك يېقىندۇر. ئەنە شۇ ئادەم، بۇ دېڭىز يولۇچىلىقىدا نۇر ۋە يورۇقلۇقسىز قالغانلىقى ئۈچۈن ئېزىپ كېتىدۇ، ھالاك بولىدۇ. كافىرلارمۇ بۇزۇق ئېتىقاد، يالغان سۆز ۋە يامان ئىشلاردىن ئىبارەت قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلاردا تېڭىرقاشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە ھالاك بولىدۇ. چۈنكى توغرا تاللىشى بىلەن ئاللاھ يورۇتقان مەنىۋى نۇرغا ئېرىشمىگەن كىشى ئۈچۈن نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدىغان ھېچبىر نۇر بولمايدۇ؛ ئۇ كىشى ئۆزى تاللىغان قاراڭغۇلۇقلاردا ھالاك بولىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت قىلىشقا لايىق كۆرمىگەن كىشى ھالاكەتكە ۋە ئازابقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ 35 ~ 40 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ نۇرىنى، ئۇ نۇرنىڭ يورۇقىغا كېلىپ پايدىلانغان كىشىلەرنى ۋە قاراڭغۇلۇقتا قېلىشنى تاللاپ زىيان تارتقان كىشىلەرنى تونۇتقاندىن كېيىن، 41 ~ 45 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى بايان قىلىپ، قاراڭغۇلۇقتا قېلىشنى تاللىغانلارنى ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە، شۇنداقلا ئىلاھىي نۇرنىڭ يورۇقىغا كېلىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالطَّيْرُ صَافَّاتٍ ۖ كُلٌّ قَدْ عَلِمَ صَلَاتَهُ وَتَسْبِيحَهُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
    ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا (ئۇچۇپ كېتىۋاتقان) قۇشلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى سەن بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر(مەخلۇق) نىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ۋە قاناتلىرىنى كەرگەن ھالدا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر مەخلۇقنىڭ دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر، سەپ - سەپ ئۇچارقاناتلار ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماقتىدۇر. ھەر بىرى نامىزىنى ۋە تەسبىھىنى بىلدى[8]. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ، ھاۋادا قاناتلىرىنى كېرىپ ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىنسان ۋە جىنلارغا ئوخشاش ناماز ئۆتەيدىغانلارغا ناماز ئۆتەشنى، ئۇچارقانات ۋە باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ناماز ئۆتىمەيدىغانلارغا قانداق تەسبىھ ئېيتىشنى ئۆگەتكەن. نەتىجىدە ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئاللاھقا قانداق شەكىلدە ئىبادەت قىلىشىنى ئۆگەنگەن. ئاللاھ ئۇلاردىن ھەر ناماز ئۆتىگۈچىنىڭ نامىزىنى، ھەر تەسبىھ ئېيتقۇچىنىڭ تەسبىھىنى ۋە باشقا پۈتكۈل قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. كائىناتتىكى ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، قاراڭغۇلۇقتا قېلىشنى تاللاپ كۇفىرىلىقتا ئەزۋەيلەۋاتقان، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە زىيان سېلىۋاتقان كافىرلار بۇ ئەمەلىيەتكە قاراپ نېمىشقا ئىبرەت ئالمايدۇ؟! نېمىشقا ئىلاھىي نۇردىن ئۆزلىرىنى مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ؟! دەرۋەقە كائىناتتىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھېس - تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇلار ئاللاھقا ئۇ ھېس - تۇيغۇسى بىلەن ئېھتىرام قىلىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، (خالايىقنىڭ) ئاخىر قايتىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاخىرىدا قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ بىردىنبىر پادىشاھىدۇر؛ ئۇلارنى ۋە ئۇلاردىكى ھەر نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئەمەستۇر. قىيامەت كۈنى پۈتكۈل جانلىقلار، خۇسۇسەن بارلىق ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن دۇنيادىكى چاغلىرىدا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُزْجِي سَحَابًا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيْنَهُ ثُمَّ يَجْعَلُهُ رُكَامًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ جِبَالٍ فِيهَا مِنْ بَرَدٍ فَيُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَصْرِفُهُ عَنْ مَنْ يَشَاءُ ۖ يَكَادُ سَنَا بَرْقِهِ يَذْهَبُ بِالْأَبْصَارِ
    كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ (يەنى ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمنىڭ زىرائىتى، مېۋىسى ۋە چارۋىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ) ۋە ئۇنىڭ (زىيىنىدىن) خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى (قارىغۇچىلارنى) كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭ زىيىنىدىن خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى قارىغۇچىلارنى كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمەمسەن؟ ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشۇپ قېلىنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يەنە ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىگە مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۇنىڭدىن ساقلايدۇ. بۇلۇتلاردىن چىققان چاقماقنىڭ يورۇقى كۆزلەرنى ئېلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كۆرمىدىڭمۇكى، ئاللاھ ئۆزى ھاۋا بوشلۇقىدا پارچە - پارچە ھالەتتە پەيدا قىلغان بۇلۇتلارنى شاماللار بىلەن ئۆزى خالىغان تەرەپكە سىلىق شەكىلدە ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى ئۈستى - ئۈستىگە يىغىپ قېلىن ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇلۇتلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئاسماندا (ھاۋا بوشلۇقىدا) تاغدەك بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى ئۆزى خالىغان جايغا ھەيدەپ ئاپىرىدۇ ۋە ئۇلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ زىرائەت، باغ - بوستان ۋە مال - ۋارانلىرىغا مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ، ئۆزى خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ زىيانلىرىدىن ساقلايدۇ. بۇلۇتلاردىن چىققان چاقماقنىڭ يورۇقى قارىغان ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىنى ئېلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. ئى كافىر ئىنسان! ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھلىقىنىڭ دەلىللىرىدۇر. سەن نېمە ئۈچۈن ئەنە شۇ دەلىللەرگە قاراپ تەپەككۇر قىلمايسەن؟ نېمە ئۈچۈن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ئۆزۈڭنى خەتەرگە ئاتىسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئاللاھ يورۇتقان يورۇقلۇققا كېلىپ ھەقىقەتنى كۆرمەيسەن؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. يُقَلِّبُ اللَّهُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِأُولِي الْأَبْصَارِ
    ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەرگە ئىبرەت بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى، بىرىنى ئۇزارتىش، بىرىنى قىسقارتىش، بىرىنى كەتكۈزۈش ۋە بىرىنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. كۆزى ئۆتكۈر ۋە ئەقلى ساغلام كىشىلەر ئەنە شۇ ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ، شۇنداقلا تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. وَاللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَابَّةٍ مِنْ مَاءٍ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ بَطْنِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ رِجْلَيْنِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ أَرْبَعٍ ۚ يَخْلُقُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ. پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇلارنىڭ جىنس ۋە تۈرلىرىنى پەرقلىق قىلدى؛ بېلىق ۋە سۆرەلگۈچى ھايۋانلارنى قورسىقى بىلەن ماڭىدىغان، ئىنسان ۋە قۇشلارنى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدىغان، چارپايلارنى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدىغان قىلدى. ئاللاھ خالىغىنىنى خالىغىنى بويىچە يارىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ قانداق شەكىل ۋە قانداق ئالاھىدىلىكتە ياراتسا ياراتسۇن ئاللاھ ياراتقان ھەر نەرسە ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتى، چوڭقۇر ھېكمىتى، چەكسىز ئىلمى ۋە كەڭ رەھمىتىگە، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇنى، ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەر تونۇپ يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا 36 ~ 40 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بولغان ئىلاھىي نۇرنى قوبۇل قىلغانلارنى ۋە قوبۇل قىلمىغانلارنى، شۇنداقلا ھەر ئىككى پىرقىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 41 ~ 45 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى بايان قىلىپ، قاراڭغۇلۇقتا قېلىشنى تاللىغانلارنى ئويلىنىشقا ۋە ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە، شۇنداقلا ئىلاھىي نۇرنىڭ يورۇقىغا كېلىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئاندىن 46 ~ 57 - ئايەتلەردە باشتا ئۆزىنىڭ ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىشتىكى قانۇنىنى ئەسلىتىدۇ، ئاندىن ئۇ نۇرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن لايىق رەۋىشتە قوبۇل قىلمىغانلارنى (مۇنافىقلارنى) تونۇتىدۇ، ئۇلارنى سەمىمىي بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ، سەمىمىي مۇئمىنلارنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىپ ئۇ مۇنافىقلارغا نەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. لَقَدْ أَنْزَلْنَا آيَاتٍ مُبَيِّنَاتٍ ۚ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    شۈبھىسىزكى، بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەھكام، نەسىھەت ۋە ئەدەپ - قائىدىلەرنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلدى. ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ؛ ئۆزى لايىق كۆرگەن كىشىنى توغرا يولىغا قوبۇل قىلىدۇ ۋە ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن بېكىتكەن قانۇنى مانا بۇدۇر؛ ئاللاھ چاقىرغان يولغا كەلگەن كىشى نۇرغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇ يولدا تۈز ماڭىدۇ. ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا پەرۋا قىلمىغان ۋە ئازغۇنلۇقنى ئەلا بىلىپ توغرا يولغا كەلمىگەن كىشى قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ، ھېچ نەرسىنى توغرا شەكىلدە كۆرەلمەيدۇ، قارىسىغا ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئايەتلەرگە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈپ ئەھكاملارغا ئەستايىدىل بويسۇنغان، نەسىھەتلەرگە ئىخلاس بىلەن قۇلاق سالغان ۋە ئەدەپ قائىدىلەرگە سەمىمىي ھالدا رىئايە قىلغانلار (سەمىمىي مۇئمىنلار) ئىلاھىي نۇرنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ يورۇقىدا ياشىغان بولىدۇ. ئەمما ئىچىدە كۇفرىنى ساقلاپ، تېشىدا ئىماننى ئىزھار قىلغانلار (مۇنافىقلار) مەزكۇر ئىلاھىي نۇرنى قوبۇل قىلمىغان بولىدۇ. بۇلار مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا ياشىسىمۇ قاراڭغۇلۇقتا قېلىۋېرىدۇ، ئاللاھ بۇلارنى ئۆزلىرى تاللىغان قاراڭغۇلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ، ئۇلار تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتمىغۇچە ئازغۇنلۇقتا تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. وَيَقُولُونَ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالرَّسُولِ وَأَطَعْنَا ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِنْهُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا أُولَٰئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ
    (مۇناپىقلار) «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۆمىن ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ

    «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار مۇئمىن ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەزى ئىنسانلار: «بىز ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، لېكىن ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن يۈز ئۆرۈيدۇ. مانا بۇلار ھەرگىز مۇئمىن ئەمەس.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇنافىقلار: «بىز ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىمان كەلتۈردۇق، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ مال ۋە جان بىلەن غازاتقا قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئەمرىنى يەتكۈزسە، ئۇلاردىن بىر پىرقە ئىتائەت قىلمايدۇ. مانا بۇلار ھەرگىزمۇ مۇئمىن ئەمەس، چۈنكى مۇئمىن - لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەستايىدىل ئىتائەت قىلغان، بولۇپمۇ مال ۋە جېنى بىلەن غازاتقا قاتناشقان كىشىدۇر. ئېغىزنىڭ ئۇچىدا ئىمان ئىزھار قىلىپ مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان كىشى ساختىپەز بولۇپ، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن بىر مۇددەت ھېس قىلىنمىسىمۇ لېكىن نۆۋەت ئەمەلىي ئىشقا كەلگەندە چېنىپ قالىدۇ؛ ئۇنداقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنگەنلىكىنى دەۋا قىلغان توغرا يولدا پىداكارلىق قىلىشقا ۋە بەدەل تۆلەشكە سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىنغاندا ھەقىقىي مۇئمىنلاردىن ئايرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە ئەنە شۇنداق ئەمەلىي ئىش بىلەن بىلدۈرىدۇ ۋە رەسۋا قىلىدۇ، بەزىدە ۋەھىي نازىل قىلىپ بىلدۈرىدۇ. نەتىجىدە مۇنافىقلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار بولىدۇ؛ ئۇلارنى كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چوڭ ئازابقا، يالغانچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەلەملىك ئازابقا مەھكۇم قىلىپ دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلايدۇ، چۈنكى مۇنافىقلار مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان بىلەن ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىقىغا يالغانچىلىق، تەرسالىقىغا ئالدامچىلىق قوشقان كاززاپلاردۇر، ساختىپەزلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. وَإِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ مُعْرِضُونَ
    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائەنىڭ باش تارتقانلىقىنى كۆرىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئارىلىرىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ دەرھال يۈز ئۆرۈيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇنافىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاشكارا قىلىدىغان يەنە بىر ئەھۋالى شۇكى، ئۇلار تالاش - تارتىش قىلىنغان مەسىلىلىرىدە ۋە دەۋا - دەستۇر ئىشلىرىدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ دەرھال يۈز ئۆرۈيدۇ؛ چاقىرىقنى رەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (24-سۈرە نۇر، 49-ئايەت) مۇناپىقلىق
    وَإِنْ يَكُنْ لَهُمُ الْحَقُّ يَأْتُوا إِلَيْهِ مُذْعِنِينَ
    ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلسە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كېلىشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    لېكىن ئۇلار دەۋادا ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلسە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كېلىشىدۇ؛ رەسۇلۇللاھقا ئەرز قىلىپ ناھايىتى تېز كېلىدۇ، ھەققىنى تولۇق ئالىدۇ ۋە مەمنۇنلۇق بىلەن ئايرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. أَفِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَمِ ارْتَابُوا أَمْ يَخَافُونَ أَنْ يَحِيفَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَرَسُولُهُ ۚ بَلْ أُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
    ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ دىللىرىدا -مۇناپىقلىق- ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلار گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئەنە ئاشۇلار زالىمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىرەر كېسەل بارمۇ؟ ياكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزگە زۇلۇم قىلىدۇ دەپ قورقۇۋاتامدۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلار زالىملاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار نېمىشقا ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەرز قىلىشنى رەت قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كۇفرىلىق، يامان نىيەت ۋە ۋىجدانسىزلىقتىن ئىبارەت كېسەللىكلەردىن بىرەر كېسەللىك بارمۇ؟ ياكى ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ توغرىلىقىدا شۈبھىلەندىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە زۇلۇم قىلىدۇ دەپ قورقامدۇ؟ ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتامدۇ؟ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا بۇنىڭ ئۈچۈن رازى بولمىدىمۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولمايدۇ، بۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھقا ئەرز قىلىپ كەلگىلى ئۇنىمايدۇ؛ مۇنافىقلار ئاللاھنىڭ ئادالىتىدە قىلچە شۈبھە قىلمايدۇ، لېكىن ھەقنىڭ ھاكىم بولۇشىنى ۋە ئادالەتنىڭ نامايان بولۇشىنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھەقسىزلىق بىلەن مەنپەئەت قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. دەرۋەقە مۇئمىن ئۆزىنىڭ پايدىسىغا بولسۇن زىيىنىغا بولسۇن ھەققانىيەتنى ئاساس قىلىدىغان، ئادالەتنى ياقلايدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە كۆڭلىدە قىلچە نارازىلىق تۇيغۇسى ھېس قىلمىغان كىشىدۇر. شۇڭلاشقا بىر مۇئمىننىڭ ئەرز - داد ۋە دەۋا - دەستۇرلىرىنى ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان شەخس ۋە ئورگانلارغا (تاغۇتقا) سۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەكسى تەقدىردە ئۇنىڭ «مەن مۇئمىن» دېگەن سۆزى قۇرۇق دەۋادىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇ مۇنافىق ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (24-سۈرە نۇر، 51-ئايەت) ئىمان ئاللاھقا ئىتائەت
    إِنَّمَا كَانَ قَوْلَ الْمُؤْمِنِينَ إِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ أَنْ يَقُولُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    (پەيغەمبەر) مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلار، ئارىلىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ سۆزى: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت» دېگەندىن ئىبارەت بولدى، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلار ئارىلىرىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە چاقىرىلسا: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن سۆزنىلا قىلىدۇ. ئەنە شۇلار مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇنافىقلار ئەنە شۇنداق ئادەملەردۇر؛ ئۇلار تىرىكچىلىك سىستېمىسىنى زۇلۇم ئاساسىغا قۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىلاھىي ئادالەتتىن قاچىدۇ، خۇسۇسەن ئۆزلىرى ھەقسىز بولغان ئەھۋال ئاستىدا شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما مۇئمىنلار بولسا ئۇنداق ئەمەس؛ مۇئمىنلار ھەرقانداق ئىشتا، جۈملىدىن ئەرز - داد ۋە دەۋا - دەستۇر ئىشلىرىدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا: «ئېيتىلغان ھەر سۆزنى ئاڭلىدۇق، بېرىلگەن ھەر ھۆكۈمگە ئىتائەت قىلدۇق؛ باش ئۈستىگە، پەرمانبەردارمەن» دېگەن سۆزنىلا قىلىدۇ. ئەنە شۇلار دۇنيادا ئىززەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىش ئارقىلىق ئىككىلى دۇنيادا مۇرادىغا يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَخْشَ اللَّهَ وَيَتَّقْهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ
    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھتىن ئەيمەنگەن ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئالدىنقى ئايەتتە دەۋا - دەستۇر ئىشلىرىدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان ۋە ئەستايىدىل بويسۇنغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى، بۇ ئايەتتە ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكمىگە رازى بولغان ۋە ئەستايىدىل بويسۇنغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلىش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلسا، ھەمدە دائىم ئاللاھتىن ئەيمىنىش ۋە قورقۇش ئېڭى بىلەن ياشىسا، ئەنە شۇنداق كىشىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقى، رەھمىتى، جەننىتى ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش شەكىلۋازلىق ۋە دورامچۇقلۇق بىلەن بولۇپ قالسا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ئاللاھقا بەندىچىلىك مۇئەييەن ۋاقىتلارغا خاس بولۇپ قالسا ۋەزىپە ئادا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئىتائەتنىڭ ئىمان ۋە ئىخلاس بىلەن بولۇشى لازىم. بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئادا قىلىشنىڭ ۋە توسۇلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىش نىيىتى بىلەن بولۇشى لازىم. ئىبادەت - ھاياتنى ئاللاھقا بەندە بولۇپ ياشاش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق، شۇنداقلا بۇ ئاڭ بىلەن ياشاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇسۇلمان - ئىسلام ئۆگەتكەن توغرا ئېتىقادنى قەلبىگە مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرغان، ئىسلام بۇيرۇغان تۈزۈك ئەمەلنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلغان، ئىسلام بىلدۈرگەن گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئىسلام يولغا قويغان ئەھكاملارغا بويسۇنۇپ مۇئامىلىسىنى دۇرۇسلىغان ئادەمدۇر. ئىسلامنىڭ بۇ تۆت تەرىپىنىڭ بىرىگە دەخلى يەتكۈزگەن ئادەم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغان بولمايدۇ، شۇنداقلا ئىلاھىي جازاغا لايىق بولىدۇ. «ئەقىدەم توغرا»، «ئەخلاقىم گۈزەل»، «ئىبادىتىم جايىدا»،... دېگەندەك دەۋالارنىڭ بىرى بىلەن ئىسلامنىڭ باشقا ساھەلىرىگە سۇسلۇق قىلىۋاتقان ۋە يەنىلا ئۆزلىرىنى مۇئمىن ھېسابلاۋاتقانلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمدە مۇئمىنلارغا ۋەدە قىلىنغان ئىلاھىي رەھمەتتىن مەھرۇم قېلىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. (24-سۈرە نۇر، 53-ئايەت) قەسەم ئاللاھقا ئىتائەت
    وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ أَمَرْتَهُمْ لَيَخْرُجُنَّ ۖ قُلْ لَا تُقْسِمُوا ۖ طَاعَةٌ مَعْرُوفَةٌ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
    (مۇناپىقلار) ئەگەر سەن ئۇلارنى (جىھادقا) چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى، «قەسەم قىلماڭلار، (قەسىمىڭلار يالغان، سىلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى) ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    -مۇناپىقلار- ئەگەر سەن ئۇلارنى جىھادقا- چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، چوقۇم چىقىدىغانلىقىغا ئاللاھ بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى: «قەسەم قىلماڭلار، -تەلەپ قىلىنغىنى- ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرداردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇنافىقلار: «ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن بىزنى ئۇرۇشقا چىقىشقا ئەمر قىلساڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى چوقۇم چىقىمىز» دەپ كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئېيتقىنكى: «قەسەم قىلماڭلار، سەمىمىي ئىتائەت قىلىشىڭلار يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلار يېنىڭغا كېلىپ: «ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىزنى غازاتقا چىقىشقا بۇيرۇساڭ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بىز چوقۇم چىقىمىز» دەپ كۈچلۈك قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن غازاتقا بۇيرۇساڭ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قەسىمىگە جاۋابەن ئېيتقىنكى: «سۆزۈڭلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا قەسەم قىلىشقا ھاجەت يوق، قىلمىشىڭلار ئېنىق؛ قۇرۇق گەپ، يالغان قەسەم، ئەمەلىيەتكە كەلگەندە ئىش يوق. ئاللاھ بۇ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر؛ يالغان قەسەم ئىچىش ۋە ئىتائەت ئىزھار قىلىش بىلەن ئىنسانلارنى بىر مۇددەت ئالدىيالايسىلەر، لېكىن ئاللاھنى ھەرگىزمۇ ئالدىيالمايسىلەر، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ نىيەت، مەقسەت، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىلىپ تۇرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيْكُمْ مَا حُمِّلْتُمْ ۖ وَإِنْ تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا ۚ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
    ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار باش تارتسا، -ئى مۇھەممەد بىلگىنكى-پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتۇر، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلارمۇ مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىشتۇر، ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، سىلەرمۇ ئۆز ۋەزىپەڭلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر. رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىن: «ئاللاھقا سەمىمىي ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سەمىمىي ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار ۋە سەمىمىي ئىتائەتتىن باش تارتساڭلار بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۆز ۋەزىپىسىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، سىلەرمۇ ئۆز ۋەزىپەڭلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى تەبلىغ، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار ئىتائەتتۇر. ئۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى ؛ سىلەرگە ھەقنى يەتكۈزدى ۋە سىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلدى. ئەگەر ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بەخت - سائادىتى بولغان توغرا يولغا كەلگەن بولىسىلەر، ناۋادا ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىساڭلار ئازغۇنلۇقتا قېلىپ زىيان تارتىشنى داۋاملاشتۇرىسىلەر. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، يالغان قەسەم ئىچىش ۋە ئىتائەت ئىزھار قىلىش ھىدايەت تاپقانلىقىڭلار ئەمەس، ئەكسىچە ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەنلىكىڭلاردۇر. ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر، سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتۇر. ئۇ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى، ئەمدى سىلەر ۋەزىپەڭلارنى ئادا قىلساڭلار بولىدۇ». دەرۋەقە مۇنافىقلار غازاتقا قاتنىشىش ۋە غازاتقا پۇل - مال چىقىم قىلىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرۈلسە ياكى سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىنسا قۇلاق يوپۇراتتى ، قاتناشماسلىق ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلاتتى، ئامالسىز قېلىپ غازاتقا چىقىپ قالسا پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ ئىشنى بۇزۇشقا ئۇرۇناتتى، چېنىپ قالغىلى قوپسا قەسەم ئىچىپ مۇجاھىدلارنى رازى قىلىشقا ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇنافىقلىقىنى يوشۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىنى بىرقانچە قېتىم ئايەت نازىل قىلىپ بىلدۈرگەن. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (53 - ئايەتتە) ئۇلارنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن قىلغان قەسەملىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە (54 - ئايەتتە) ئۇلارنى سەمىمىي بولۇشقا چاقىرىدۇ. مۇنافىقلار يالغان ئېيتىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلماسلىق ۋە يالغان قەسەم ئىچىشكە شۇنچىۋالا كۆنۈپ كەتكەن ئادەملەركى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كافىر قېرىنداشلىرىغىمۇ يالغان قەسەم قىلىدۇ، ئۇلارغا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُمْ مِنْ بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
    ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مۇنداق ۋەدە بەردى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمران قىلغىنىدەك، ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلارغا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ، ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن رازى بولغان دىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولغانلار ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئۇممەتى مۇھەممەد! ئاللاھ سىلەردىن لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلغانلارغا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمدار قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ زېمىندا چوقۇم ھۆكۈمدار قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دىنى بولۇشقا ئۆزى رازى بولغان ئىسلامنى ئۇلار ئۈچۈن چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قورقۇنچىنى چوقۇم خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ بۇ ۋەدىسىنىڭ، ئۇلار تەۋھىد ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋە شېرىكتىن ساقلانغان مۇددەتتە كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئېيتىدۇكى: «مەن بۇ ياخشىلىقلارغا ئېرىشتۈرىدىغان ئۇ كىشىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ ۋە ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ. كىمكى ئۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن كۇفرىلىق قىلىدىكەن، ئۇنداق كىشىلەر توغرا يولدىن چىققان، شۇنداقلا ئۇ نېمەتلەردىن مەھرۇم قېلىشقا تېگىشلىك بولغان بولىدۇ». ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، زەپەر، ھاكىمىيەت ۋە خاتىرجەملىك ۋەدە قىلىدۇ، بۇ ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بۇ ۋەدىنىڭ پاك ئىمان، ياخشى ئەمەل، لايىق ئىلىم ۋە كېرەكلىك تەييارلىق بىلەن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ، بۇ ياخشىلىقلارغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن سالاھىيىتىنى يوقاتقانلاردىن ئۇ ياخشىلىقلارنى تارتىۋالىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ. شۇڭلاشقا مۇئمىنلارنىڭ شۇنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى لازىمكى، ئاللاھ ۋەدە قىلغان ياخشىلىقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىمان، ئەمەل ۋە ئەخلاقتا تەلەپكە لايىق سەۋىيەگە يەتكەن بولۇش، ئاندىن ئىلمىي ۋە ئەسكىرىي كۈچكە يېتەرلىك دەرىجىدە ئىگە بولغان، شۇنداقلا ھەربىي تەييارلىقنى زامانغا ماس ھالدا پۈتتۈرگەن، ئاندىن شەرىئەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە ۋە ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگەن ھالدا جان - مېلىنى تىكىپ، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن بولۇش كېرەك. ئاندىن ئۇ ياخشىلىقلارنى كۈتۈش توغرا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەزىدە مەزلۇم مۇئمىنلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە سەۋەب قىلمىسىمۇ ياردەم قىلىدۇ، نۇسرەت ۋە ھاكىمىيەت ئاتا قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار زۇلۇمدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرمىسا ئۇلاردىن مەزكۇر نېمەتلىرىنى تارتىۋالىدۇ. بۇ ئىشتا ئاساس مەسىلە ھەرقانداق شارائىتتا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
    ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى ھەرقانداق شارائىتتا قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشىش ۋە ئىلاھىي رەھمەتتىن مەھرۇم قالماسلىق يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئىمانىڭلارنى دۇرۇسلىغاندىن كېيىنلا قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىشلار بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش، زاكاتنى جايىدا ئادا قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەستايىدىل ئەگىشىشتۇر. ئەنە شۇ ئۈچ ئىشنى قىلساڭلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش - ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۈلگىلىكىدە ئاللاھنىڭ كىتابىغا بويسۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە بىر ئايەتتە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەگىشىش لازىملىقى، بىر ئايەتتە (بۇ ئايەتتە) ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش لازىملىقى، ئىككى ئايەتتە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىش لازىملىقىبىلدۈرۈلىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىتائەت قىلغان كىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ كىتابىغا (قۇرئان كەرىمگە) ئەگەشكەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى، مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە لايىق بولغان بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىشقا قىلىنغان بۇيرۇق، ئىسلامنىڭ بارلىق ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشقا قىلىنغان بۇيرۇقتۇر، لېكىن بۇ ئايەتتە بەش ۋاخ نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە ئايرىم - ئايرىم ئەمىر قىلىنىپ ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىشقا ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئەمرلەر بەش ۋاخ ناماز بىلەن زاكاتنىڭ ھەربىرىنىڭ بەك ئۇلۇغ ئىبادەت ۋە ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ پەزىلەتلىرى بايان قىلىنغان بىر ئايەتتە، باشتا ئۇلارنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغانلىقى، يامانلىقتىن توسىدىغانلىقى، بەش ۋاخ نامازنى ئۆتەيدىغانلىقى ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇمۇ بۇ تۆت ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (24-سۈرە نۇر، 57-ئايەت) دوزاخ ئازابى كاپىرلىق
    لَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ ۚ وَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۖ وَلَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    كاپىرلارنى زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلارنى زېمىنىدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن كافىرلارنى زېمىندا قېچىپ قۇتۇلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاختۇر. بۇ نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (55 - ئايەتتە) مۇئمىنلارغا نۇسرەت ۋە ھاكىمىيەت ۋەدە قىلىدۇ. ئۇ چاغدا مۇشرىكلارنىڭ سانى كۆپ، كۈچى ئارتۇق ئىدى، مۇئمىنلار بولسا ھەر جەھەتتىن ئاجىز بولۇپ ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قورقۇپ ياشايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت بىلەن ئۇ ئايەتتىكى ۋەدىسىنى تەكىتلەپ مۇئمىنلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئۇ ۋەدىمىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇنىڭدا قىلچە شۈبھەڭ بولمىسۇن. كافىرلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ۋە كۆپلۈكىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا جازالىشىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالمىغىن؛ بىز ئۇلارنى بۇ دۇنيادا جازالايمىز. ئۇلارنىڭ جازاسى بۇ دۇنيادىكى بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار قىيامەت كۈنى مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. دوزاخقا تاشلىنىش نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت! شۇنى بىلگىنكى، بىزنىڭ كافىرلارنى بۇ دۇنيادا جازالىشىمىز مۇئمىنلارغا رەھمەت قىلغانلىقىمىز، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىمىزدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە مۇئمىنلارنى بىر مۇددەت كافىرلارنىڭ ئەزىيىتى بىلەن سىنايدۇ، سىناق بىلەن مۇئمىنلارنىڭ سادىقلىرى بىلەن ساخىتىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، سادىق مۇئمىنلارنى مۇشۇ دۇنيادىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرۈش ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ مۇكاپاتى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بولغان كافىرلارنى جازالاش بىلەن بولىدۇ، چۈنكى مۇئمىنلارغا نۇسرەت بېرىش كافىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۇئمىنلارغا ھاكىمىيەت بېرىش كافىرلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش بىلەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى سىنايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سادىقلار بىلەن ساختىلارنى ئايرىيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن كافىرلارنى چوقۇم جازالايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ 1 - ئايىتىدە، بۇ سۈرىدىكى ئەھكام ۋە ئەدەپ - قائىدىلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 2 ~ 34 - ئايەتلىرىدە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك قانۇن ۋە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ - قائىدىلەرنى ئۆگىتىدۇ. ئاندىن 35 ~ 57 - ئايەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ئۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغانلارنى ۋە تۇزكورلۇق قىلغانلارنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى (2 ~ 34 -) ئايەتلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ. ئاندىن 58 ~ 61 - ئايەتلىرىدە بولسا، ئائىلىۋى ھاياتنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە داۋاملىشىشى ئۈچۈن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ - قائىدىلەرنى ئۆگىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. (24-سۈرە نۇر، 58-ئايەت) باشقىلارنى ھۆرمەتلەش
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِيَسْتَأْذِنْكُمُ الَّذِينَ مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ وَالَّذِينَ لَمْ يَبْلُغُوا الْحُلُمَ مِنْكُمْ ثَلَاثَ مَرَّاتٍ ۚ مِنْ قَبْلِ صَلَاةِ الْفَجْرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُمْ مِنَ الظَّهِيرَةِ وَمِنْ بَعْدِ صَلَاةِ الْعِشَاءِ ۚ ثَلَاثُ عَوْرَاتٍ لَكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ وَلَا عَلَيْهِمْ جُنَاحٌ بَعْدَهُنَّ ۚ طَوَّافُونَ عَلَيْكُمْ بَعْضُكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، (بۇ) ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر)، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا (ئۇلار سىلەرگە كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە -ئۇخلاش ئۈچۈن- كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن؛ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا، سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، بۇ ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار مۇنۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن. بۇ ئۈچ ۋاقىت، ئەۋرەتلىرىڭلار ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتلاردۇر. بۇلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ - چىقىدىغانلاردۇر. سىلەر بىر - بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ -چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار مۇنۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: 1) بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، 2) چۈشلۈك دەم ئېلىش ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا، 3) خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن. ئۇلار بۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرىشكە ئىجازەت سورىغاندا ئىجازەت بەرسەڭلار كىرسۇن، ئىجازەت بەرمىسەڭلار كىرمىسۇن، ئۇلارغا بۇ ئەدەپ - قائىدىلەرنى ئۆگىتىڭلار ۋە ئۇلارغا رىئايە قىلىشقا بۇيرۇڭلار. چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئادەتتىكى كىيىمىڭلارنى سېلىپ ئۇخلاش كىيىمى بىلەن بولۇش ياكى بىرەر يېپىنچا بىلەن بولۇش ۋە ياكى يېتىپ ئارام ئېلىۋاتقان بولۇش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆرۈشى چەكلىنىدىغان يەرلىرىڭلار ئوچۇق بولۇش ئېھتىمالى بولغان ۋاقىتلاردۇر. ئۇلار بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئادەتتە بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا بىرەر ئېھتىياج ياكى بىرەر خىزمەت ئۈچۈن يېنىڭلارغا كىرىپ - چىقىپ تۇرىدۇ. سىلەر ئۇلار بىلەن مەزكۇر ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا بىرەر ئىش ئۈچۈن بىر - بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ - چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇردۇر؛ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىدۇ ۋە مەنپەئەتىڭلارغا ماس كېلىدىغان ئەھكام ۋە ئەدەپ - قائىدىلەرنى ئۆگىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. (24-سۈرە نۇر، 59-ئايەت) باشقىلارنى ھۆرمەتلەش
    وَإِذَا بَلَغَ الْأَطْفَالُ مِنْكُمُ الْحُلُمَ فَلْيَسْتَأْذِنُوا كَمَا اسْتَأْذَنَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلار ئىلگىرىكىلەر (يەنى چوڭلار كىرىشتە) ئىجازەت سورىغاندەك، (ئۆيگە كىرىشتە ھەممە ۋاقىت) ئىجازەت سورىسۇن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (دىننىڭ ئىشلىرىنى) سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىچىك بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە، ئۇلار ئىلگىرىكى -چوڭلار- ئىجازەت سورىغاندەك، ئىجازەت سورىسۇن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەزكۇر ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا ئىجازەت سوراپ ئىجازەت بەرسەڭلار كىرىدىغان ئىجازەت بەرمىسەڭلار كىرمەيدىغان نارەسىدە بالىلىرىڭلار، بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يېنىڭلارغا قاچان كىرمەكچى بولسا ئىجازەت سورىسۇن؛ ئۇلاردىن ئىلگىرى بالاغەتكە يەتكەن چوڭ بالىلىرىڭلار قاچان ھۇجراڭلارغا كىرمەكچى بولسا ئىجازەت سورىغاندەك، بۇ يېڭى بالاغەتكە يەتكەن بالىلىلىرىڭلارمۇ ھۇجراڭلارغا قاچان كىرمەكچى بولسا ئىجازەت سورىسۇن، ئىجازەت بەرسەڭلار كىرسۇن، ئىجازەت بەرمىسەڭلار كىرمىسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى چاكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇردۇر؛ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىلىدۇ، مەنپەئەتىڭلارغا ماس كېلىدىغان ئەھكاملارنى يولغا قويىدۇ ۋە ئەدەپ - قائىدىلەرنى ئۆگىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. (24-سۈرە نۇر، 60-ئايەت) ئىپپىتىنى ساقلاش
    وَالْقَوَاعِدُ مِنَ النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا يَرْجُونَ نِكَاحًا فَلَيْسَ عَلَيْهِنَّ جُنَاحٌ أَنْ يَضَعْنَ ثِيَابَهُنَّ غَيْرَ مُتَبَرِّجَاتٍ بِزِينَةٍ ۖ وَأَنْ يَسْتَعْفِفْنَ خَيْرٌ لَهُنَّ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا (رىدا، نىمچىغا ئوخشاش) تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە (ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئادەتتىكى كىيىملىرى بىلەن يۈرسە)، ھېچ گۇناھ يوقتۇر، تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىشتىن ساقلانسا ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ياتلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ياشانغان ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە، ھېچ گۇناھ يوقتۇر، تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىشتىن ساقلانسا، بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان دەرىجىدە ياشىنىپ كەتكەن ئاياللار ھېچقانداق زىننەت بىلەن ياسانمىغان ھالدا تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن ساقلىنىشلىرى ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياشانغانلىقتىن نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان، ئادەت كۆرۈشتىن ۋە تۇغۇشتىن قالغان ئاياللار بىرەر زىننەت بىلەن ياسانماسلىق ۋە جازىبىلىك يەرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، نامەھرەم ئەرلەر بولغان يەرلەردە تاشقى كىيىملىرىنى سېلىۋەتسە ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشقا كۆڭۈل بۆلىشى يەنى تاشقى كىيىملىرىنى كىيىشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ئايەت 31 - ئايەتنىڭ ھۆكمىنى خاسلاشتۇرىدۇ، يەنى ئۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان ھۆكۈملەر (ئاشكارا زىننىتىدىن باشقا زىننەتلىرىنى نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىماسلىق ۋە باش، بويۇن، گال، كۆكرەكلەرنى يۆگەش...) ئادەت كۆرىدىغان ۋە تۇغىدىغان ياشتىكى ياش ئاياللارغا خاس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتتە تەرىپ قىلىنغان ياشتىكى ئاياللار ياسانماسلىق ۋە ئۆزىنىڭ چىرايلىق يەرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تاشقى كىيىملىرىنى چىقىرىۋەتسە، ياغلىقلىرىنىڭ ئەتراپلىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بەرمىسە، بويۇن، گال، كۆكرەك، بىلەك ۋە پاقالچاقلىرى ئوچۇق قالسا گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تاشقى كىيىملىرىنى كىيىشى ئەۋزەلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ وَلَا عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ أَنْ تَأْكُلُوا مِنْ بُيُوتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ آبَائِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أُمَّهَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ إِخْوَانِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخَوَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَعْمَامِكُمْ أَوْ بُيُوتِ عَمَّاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخْوَالِكُمْ أَوْ بُيُوتِ خَالَاتِكُمْ أَوْ مَا مَلَكْتُمْ مَفَاتِحَهُ أَوْ صَدِيقِكُمْ ۚ لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَأْكُلُوا جَمِيعًا أَوْ أَشْتَاتًا ۚ فَإِذَا دَخَلْتُمْ بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
    (جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، ياكى دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر. سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن، دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. (ئىزاھات: مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە غازاتقا چىققان ۋاقىتلىرىدا ئۆيلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى باشقىلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ قويۇشنى ۋە ئۆيلىرىدىكى نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى، لېكىن ئۆيگە قارىغۇچىلار بۇ ئۆيلەردىن يېسەك بولمايدۇ دەپ قارايتتى. بۇ توغرىدا بۇ ئايەت نازىل بولغان.) — مۇھەممەد سالىھ

    -جىھادقا چىقالمىسا- ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداىشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ[1] ئۆيلىرىدە، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئىجازەتسىز بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەما، توكۇر ۋە كېسەل كىشىلەر سىلەر بىلەن ھەمداستىخان بولسا ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاچقۇچلىرىنى سىلەر باشقۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىن ۋە دوستۇڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر نەرسە يېسەڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەممىڭلار بىر يەرگە جەم بولۇپ يېسەڭلارمۇ، ئايرىم - ئايرىم يېسەڭلارمۇ ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئاللاھتىن بەرىكەت، سالامەتلىك ۋە ياخشىلىق تىلەپ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئىچىڭلاردىكى ئەما، توكۇر ۋە كېسەل كىشىلەر سىلەر بىلەن بىر داستىخاندىن تاماق يېسە، ئۇلارمۇ گۇناھكار بولمايدۇ، سىلەرمۇ گۇناھكار بولمايسىلەر؛ ئۇ كىشىلەرنىڭ: «بۇلار بىزدىن يىرگىنىپ قالسا بىز گۇناھكار بولۇپ قالارمىزمۇ» دەپ سىلەردىن تارتىنىشىغا ۋە سىلەرنىڭ: «بىز ئىككى لوقما يەپ بولغۇچىلىك ئۇلار ئاران بىر لوقما يەپ بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن بىز گۇناھكار بولۇپ قالارمىزمۇ؟» دەپ ئەندىشە قىلىشىڭلارغا كېرەك يوق. شۇنىڭدەك، ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن، ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاتا تەرەپ تاغا ۋە ھاممىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئانا تەرەپ تاغا ۋە ھاممىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئاچقۇچلىرىنى سىلەر باشقۇرۇۋاتقان ئۆيلەردىن ۋە دوستۇڭلارنىڭ ئۆيلىرىدىن تاماق يېسەڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەممىڭلار بىر يەرگە جەم بولۇپ يېسەڭلارمۇ، ھەر كىشى يالغۇز يېسىمۇ، بەزىلەر ئۆزى خالىغان كىشى بىلەن ئىككىدىن، ئۈچتىن جەم بولۇپ يېسىمۇ، يىغىلغان ئائىلىلەر ئايرىم - ئايرىم يېسەڭلارمۇ ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر. ئەنە شۇ ئۆيلەردىن تاماق يېگەن چېغىڭلاردا كور، توكۇر ۋە كېسەل كىشىلەر سىلەر بىلەن ھەمداستىخان بولسا بولىۋېرىدۇ؛ بۇنىڭ ھېچبىر يامان تەرىپى يوق. ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئاللاھتىن بەرىكەت، سالامەتلىك ۋە ياخشىلىق تىلەپ ئۆي ئىگىلىرىگە سالام بېرىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر. ئەسكەرتىش: ئۇ ئۆيلەرگە كىرىشتە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئىجازەت ئېلىپ قائىدە بىلەن كىرىش، ئاندىن تاماق يېيىش ئۈچۈن ئۆي ئىگىلىرىدىن بىرىنىڭ ئوچۇق ياكى بىرەر ئىپادە بىلەن ئىجازەت بەرگەن بولۇشى لازىم. مەسىلەن: بىرەر ئۆينىڭ ئاچقۇچىنىڭ باشقا بىر كىشىدە بولۇشى، ئۇ كىشىنىڭ شۇ ئۆيدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئاچقۇچنىڭ ئەسلىي ئىگىسىنىڭ بۇ كىشىگە شۇ ئۆيدىكى تاماقتىن يېيىشىگە ئىجازەت بەرگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَىٰ أَمْرٍ جَامِعٍ لَمْ يَذْهَبُوا حَتَّىٰ يَسْتَأْذِنُوهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ فَإِذَا اسْتَأْذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَنْ لِمَنْ شِئْتَ مِنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمُ اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى كامىل مۇئمىنلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دۇر، ئۇلار بىر ئىش ئۈستىدە پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئومۇمىي بىر ئىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا بولغان چاغلىرىدا ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئالماستىن قايتىپ كەتمەيدۇ. سەندىن ئىجازەت سورىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەزى شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرگىن ۋە ئاللاھتىن ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلار، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بولغان ساڭا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە جۈمە نامىزى، ھېيت نامازلىرى، جامائەت، كېڭەش يىغىنىغا ئوخشاش بىرەر ئىجتىمائىي پائالىيەت ئۈچۈن سېنىڭ يېنىڭدا بولغان چاغلىرىدا بىرەر ئىشى چىقىپ قالسا يېنىڭدىن ئايرىلىش ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىغان، شۇنداقلا سەن ئىجازەت بەرسەڭ ئايرىلىپ كەتكەن، ئىجازەت بەرمىسەڭ ئايرىلىپ كەتمىگەن كىشىلەردۇر. ئۇنداق پەيتلەردە سېنىڭ ئىجازىتىڭنى ئالماستىن قايتىپ كەتمەيدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان ساڭا كەلتۈرگەن ئىمانىدا سادىق بولغان كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقا ئۇنداق پەيتلەردە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەزى شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلار مۇھىم ئىشتىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئادەتتىكى بىرەر ئىجتىمائىي پائالىيەت ئۈچۈن جامائەت بىلەن توپلانغان چاغدا ئايرىلىشقا ئىجازەت سورىغانلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن باشقا بىر ئايەتتە غازاتتىن ئايرىلىپ قېلىش توغرىسىدا ئىجازەت سورىغانلارغا راستتىنلا ئۆزرىسى بولغانلار بىلەن يالغاندىن ئۆزرە ئېيتقانلارنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ ئىجازەت بېرىشتىن توسىدۇ. دېمەككى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئايرىلىشقا ئىجازەت سورىغانلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدىغان ئىجتىمائىي ئىش ئادەتتىكى ئىش، ئەمما ئايرىلىشقا ئىجازەت سورىغانلاردىن راستچىللار بىلەن يالغانچىلارنى ئېنىقلاپ پەقەت راستچىللارغىلا ئىجازەت بەرسە بولىدىغان ئىجتىمائىي ئىش، غازاتتەك ناھايىتى جىددىي ئىشتۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئىككى ئايەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر زىتلىق يوق. ئەمەلىيەتتىمۇ رەسۇلۇللاھ جامائەت بىلەن يىغىلغان ئادەتتىكى سورۇنلاردا بىرەر ئىشى چىقىپ قالغان مۇئمىنلار رۇسۇلۇللاھتىن ئىجازەت ئېلىپ قايتىپ كېتەتتى، مۇنافىقلار بولسا «بىزنى بىرى كۆرۈۋاتامدۇ» دەپ ئەتراپقا قاراپ ئىجازەت سورىمايلا قايتىپ كېتەتتى. غازات سەپەرۋەرلىكىدە بولسا مۇنافىقلارمۇ ئىجازەت سورايتتى، لېكىن يالغاندىن ئۆزرىسى بارلىقىنى ئېيتاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. لَا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُمْ بَعْضًا ۚ قَدْ يَعْلَمُ اللَّهُ الَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنْكُمْ لِوَاذًا ۚ فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    (ئى مۆمىنلەر!) پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار. سىلەردىن (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇئمىنلار!- پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى ئاراڭلاردا بىر - بىرىڭلارنىڭ چاقىرىقىغا ئوخشاش كۆرمەڭلار. ئاللاھ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن بىر - بىرىنى دالدا قىلىشىپ ئاستا چىقىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار باشلىرىغا بىرەر بالا كېلىشتىن ياكى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ سىلەرنى بىرەر ئىشقا چاقىرسا، ئۇنىڭ چاقىرىقىنى دەرھال قوبۇل قىلىپ چاقىرغان يەرگە ۋاقتىدا كېلىڭلار، چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ يىغىلغاندىن كېيىن ئىشىڭلار چىقىپ قالسا ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئالماستىن سورۇننى تەرك ئەتمەڭلار. ئۇنىڭ چاقىرىقىنى ئۆزئاراڭلاردىكى بىر - بىرىڭلارنىڭ چاقىرىقىغا ئوخشاش كۆرۈپ قوبۇل قىلمىساڭلارمۇ بولىدىغان ياكى قوبۇل قىلىپ بولۇپ خالىغان چېغىڭلاردا تەرك ئېتىدىغان چاقىرىقلارنىڭ قاتارىدا كۆرمەڭلار، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىلەرنى بىرەر ئىش ئۈچۈن يىغىلىشقا چاقىرسا قوبۇل قىلماسلىق ياكى يىغىلغاندىن كېيىن خالىغان چېغىڭلاردا سورۇننى تەرك ئېتىش ئىختىيارىڭلار بولمايدۇ. ئاللاھ، ئۇنىڭ يېنىدىن بىر - بىرىنى دالدا قىلىشىپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار دۇنيادا بىرەر بالاغا يولۇقۇشتىن ياكى ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. (24-سۈرە نۇر، 64-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئىلمى
    أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قَدْ يَعْلَمُ مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ وَيَوْمَ يُرْجَعُونَ إِلَيْهِ فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بەندىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بەندىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان كۈندە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئۇ سىلەرنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدىغان، ئاندىن ئۆزى ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان كۈننى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى جىمى نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇپ ۋە كۆزىتىپ تۇرىدۇ. جۈملىدىن سىلەرنىمۇ ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ . ئاللاھ سىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىڭلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، قىيامەت كۈنى قانداق ئەھۋالدا بولىدىغانلىقىڭلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئۇ چاغدا سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. شۇڭلاشقا نىيىتىڭلارنى خالىس، ئىمانىڭلارنى پاك ۋە ئەمەلىڭلارنى تۈزۈڭ ھالەتكە كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق ۋە ئەمىرلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلماڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، بۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى