ئەنكەبۇت سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 69 ئايەتمەنىسى: ئۆمۈچۈك. ئاتىلىش سەۋەبى: مۇشرىكلارنىڭ مەبۇد قىلىۋېلىشقان بۇتلىرى ئۆمۈچۈكنىڭ ئاجىز ئۆيىگە ئوخشىتىلغان (41-ئايەت)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الم
ئەلىف، لام، مىم — مۇھەممەد سالىھ
ئەلىف، لام، مىم — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلىف، لام، مىم. — ئەنەس ئالىم
ئەلىف، لام، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَحَسِبَ النَّاسُ أَنْ يُتْرَكُوا أَنْ يَقُولُوا آمَنَّا وَهُمْ لَا يُفْتَنُونَ
ئىنسانلار «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلار «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دېسەك، سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىنسانلار: «‹ئىمان كەلتۈردۇق› دېسەك، ئاللاھ بىزنى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلتۈرۈش بىلەن سىنماي قويىۋېتىدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇنداق ئويلىمىسۇن، ئاللاھ مۇئمىنلارنى جان، مال ۋە مەھسۇلاتلىرىدا ئېغىر مۇسىبەتلەرگە دۇچار قىلىش ۋە ھاياتتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلتۈرۈش بىلەن سىنايدۇ، شۇنداقلا سادىق بىلەن ساختىپەزنى، پىداكار بىلەن رىياكارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، مۇخلىس بىلەن مۇنافىقنى ئايرىيدۇ. شۇڭلاشقا ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى ھەر مۇئمىننىڭ قەتئىي بىلىشى ۋە جەزمەن ئىشىنىشى لازىمكى، مۇئمىنلىق ئېغىزىدا شاھادەت كەلىمىسىنى (كەلىمە تەييبەنى) ئوقۇپ قويۇش بىلەنلا ھاسىل بولمايدۇ، ئەكسىچە مۇئمىنلىق ئېغىر مۇسىبەت ۋە زور قىيىنچىلارغا دۇچ كېلىش، شۇنداقلا ئۇلاردىن تاۋلىنىپ چىقىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ فَتَنَّا الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۖ فَلَيَعْلَمَنَّ اللَّهُ الَّذِينَ صَدَقُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْكَاذِبِينَ
ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىمۇ سىنىغان. ئاللاھ راستچىللارنى ئوبدان بىلىدۇ، يالغانچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ قەۋمىڭدىن ئىلگىرىكىلەرنىمۇ، يەنى ئۆتمۈشتىكى مۇئمىنلارنىمۇ قىيىن ئىشلار ۋە ئېغىر مۇسىبەتلەر بىلەن سىنىغان ئىدۇق. بۇ، بىزنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىمىز (سۇننەتۇللاھ)دۇر. بىز بۇ سىناق بىلەن، «ئىمان كەلتۈردۇق» دېگەن سۆزىدە راستچىل بولغانلارنى يالغانچىلاردىن ئايرىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز، نەتىجىدە مۇسىبەتلەردىن تاۋلىنىپ چىققان ۋە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مۇئمىنلىقىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىغانلارنى مۇكاپاتلايمىز، يولنىڭ بېشىدا ۋاز كەچكەن، يېرىم يولدا ھېرىپ قالغان، شۇنداقلا ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلەرگە تېگىشلىك بولغان مۇئامىلىنى قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ أَنْ يَسْبِقُونَا ۚ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
يامان ئىش قىلىدىغانلار بىزدىن (يەنى ئازابىمىزدىن) قېچىپ قۇتۇلالايمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ياكى بولمسا يامان ئىش قىلىدىغانلار بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەۋاتقان ئادەملەر بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا بىزنىڭ جازا بەرمەيدىغانلىقىمىزنى پەرەز قىلامدۇ؟ ئۇلار ناۋادا بۇنداق ئويلىسا، ئۇنداق پەرەز قىلسا خاتا ئويلىغان ۋە يامان پەرەز قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسى نېمىدېگەن يامان چۈشەنچىدۇر! مۇئمىنلارنىڭ سىناق مۇددىتى تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جازالىنىش ۋاقتى كېلىدۇ، ئۇ ۋاقىت كەلگۈچىلىك مۇئمىنلار بەلنى قويۇۋەتمىسۇن، كافىرلار كۆرەڭلىمىسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ اللَّهِ فَإِنَّ أَجَلَ اللَّهِ لَآتٍ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ (بۇنىڭغا بەلگىلىگەن) ۋاقتى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەن ۋاقتى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئاڭلاپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ بەلگىلىگەن ۋاقىت چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
كىمكى، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن، شۇنداقلا ئۆزىگە ئاللاھنىڭ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ئۇنداق كىشى لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرسۇن، يامان ئىشلاردىن ساقلانسۇن ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلسۇن، شۇنداق قىلسا مەقسىتىگە يېتىدۇ، ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە مۇرادى ھاسىل بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ بۇ ئۈمىدىنىڭ باشقا شەكىلدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ قىيامەت ئۈچۈن بەلگىلىگەن ۋاقىت چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ، قىيامەت قايىم بولىدۇ، ئۇ كۈنى پەقەت پاك ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ئىگىلىرى مۇكاپاتلىنىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، نىيەت ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَنْ جَاهَدَ فَإِنَّمَا يُجَاهِدُ لِنَفْسِهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ
كىمكى جىھاد قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان جىھادى ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
تىرىشچانلىق قىلغان كىشى، ئۆزى ئۈچۈن تىرىشچانلىك كۆرسەتكەن بولىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم جىھاد قىلسا، ئۆزى ئۈچۈن جىھاد قىلىدۇ. ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
كىم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلسا پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ئاللاھ ھېچكىمنىڭ تائەت - ئىبادىتىگە، جۈملىدىن مۇجاھىدنىڭ جىھادىغا موھتاج ئەمەس. «جىھاد»نىڭ تۈرلىرى، شەكىللىرى، پەزىلىتى ۋە مۇكاپاتى توغرىسىدا ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَحْسَنَ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۆگەيمىز، ئۇلارنى ئەلۋەتتە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بىلەن مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم
بىز ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمىز؛ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ۋە جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىپ مۇكاپاتلايمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە كۇفرى، شېرىك ۋە نىفاقتىن تەۋبە قىلىپ، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە كۆرسىتىلگەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بۇ ۋەدىسىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئىمان كەلتۈرگەندىن كېيىن دۇچ كەلگەن مۇسىبەت، يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە دۇچار بولغان جاپا - مۇشەققەتلەرگە سەۋر قىلىپ ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرغان ۋە كۆرسىتىلگەن ياخشى ئەمەللەرنى ئىمكانيىتىنىڭ يېتىشىچە قىلغانلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ، بۇ ۋەدىسىنىمۇ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تەكىتلەيدۇ. ئەسكەرتىش: «ئەڭ ياخشى مۇكاپات» - بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىقنىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىدۇر. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن بىرگە ئون، ھەتتا بەزى ياخشىلىقلارغا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مۇكاپات بېرىدۇ، يامانلىققا بولسا ئۆز ئادالىتى بىلەن بىرگە بىر جازا بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا 2 ~ 7 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى تۈرلۈك مۇسىبەت ۋە قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنايدىغانلىقىنى، سىناقتىن ئۆتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، كۇفرىلقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ۋە سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلەرنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 8 ~ 13 - ئايەتلەردە مۇئمىنلار دۇچ كېلىدىغان سىناقلاردىن بىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ سىناقتىن ئۆتۈش يولىنى كۆرسىتىدۇ، ئۆتەلىگەنلەرگە خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئۆتەلمىگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَوَصَّيْنَا الْإِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ حُسْنًا ۖ وَإِنْ جَاهَدَاكَ لِتُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۚ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەر مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىپ بارىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئىنسانغا ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، سىلەر مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىپ بارىسىلەر، سىلەرگە قىمىشلىرىڭلارنى خەۋەر قىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق: ئاتا - ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن. ئەگەر ئۇلار سېنى ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىشقا زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن[1]. ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرىمغا قايتىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن. — ئەنەس ئالىم
بىز ئىنسانغا مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق: «ئاتا - ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن. ئەگەر ئۇلار سېنى ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان بىرەر نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن. قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاندىن مەن سىلەرگە دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قىلغان قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن، ياخشى ئىش قىلغانلارغا مۇكاپات، يامان ئىش قىلغانلارغا جازا بېرىمەن، جۈملىدىن ئاتا - ئاناڭنى ئۆزلىرى شېرىك كەلتۈرۈگەنلىكى ۋە سېنى شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىغانلىقى ئۈچۈن جازالايمەن، سېنى بۇ ھەقتە ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭ، ئۇلارنىڭ بېسىمىغا سەۋر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغانلىقىڭ، يەنىلا ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياخشىلىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن مۇكاپاتلايمەن». ئىنساننىڭ ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى، ئۇنىڭ زىممىسىگە تەۋھىدتىن كېيىنلا يۈكلەنگەن ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننى بۇ ۋەزىپىگە، تەۋھىدكە بۇيرۇش بىلەن بىللە، شېرىكتىن توسۇش بىلەن بىللە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئايەتتىكى «بۇيرۇق چۈشۈردۇق» دېگەن مەنە بېرىلگەن كەلىمىنىڭ ئەسلىي مەنىسىمۇ «تاپىلىدۇق، جېكىلىدۇق، مۇھىملىقىنى بىلدۈردۇق، قايتا - قايتا ئۇقتۇردۇق» دېگەن بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. بۇ ئايەتتە ئىنسانغا بۇ مۇھىم ۋەزىپە ئەسلىتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بۇ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئىلاھىي سىناققا دۇچ كەلسە، يەنى بىر ئىنسان مۇئمىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىنىڭ بېسىمىغا ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىشىغا ئۇچرىسا، بۇ تەقدىردە ئۇ ئىنساننىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئىتائەت قىلماسلىقىنىڭ لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئايەتتە، بۇ تەقدىردە ئۇلارغا ئىتائەت قىلماسلىقنىڭ لازىملىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلارغا يەنىلا ياخشىلىق قىلىش ۋە دۇنيالىق ئىشلاردا ئۇلارغا ياخشى ھەمراھ بولۇش لازىملىقىمۇ تەكىتلىنىدۇ. دېمەككى، گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلماسلىق باشقا ئىش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش باشقا ئىشتۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بىردىنبىر ئىلاھتۇر. ھېچقانداق شەيئى ۋە ھېچقانداق شەخس ئاللاھ تائالاغا شېرىك بولالمايدۇ. ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئايەتتە «ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى، «ماڭا شېرىك كەلتۈرۈلگەن ھېچبىر نەرسىنىڭ ماڭا شېرىك بولىدىغانلىقىغا ئىلمىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ھېچقانداق دەلىل بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا بۇ توغرىدا قارىغۇلارچە بويسۇنمىغىن، ماڭا شېرىك كەلتۈرۈلمەكچى بولغان نەرسىنىڭ ماڭا شېرىك بولالىشىنى ئىلمىي جەھەتتىن سۈرۈشتە قىلغىن، شۇنداق قىلساڭ ھېچبىر نەرسىنىڭ ماڭا شېرىك بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمايسەن، ئۆزۈڭ ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلىيالمىغان ئىشنى ئاتا - ئاناڭ بۇيرۇسىمۇ قىلمىغىن» دېمەكتۇر. بۇ يەردە ھەر قانداق ئىشتا ئىلمىي دەلىلنى ئاساس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىنغان. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە دەلىلسىز گەپ قىلىشتىن ۋە دەلىلسىز ئىش قىلىشتىن ئوچۇق - ئاشكارا مەنئى قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُدْخِلَنَّهُمْ فِي الصَّالِحِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى چوقۇم ياخشىلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى چوقۇم ياخشىلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ياخشىلار قاتارىغا كىرگۈزىمىز. — ئەنەس ئالىم
بىز، دۇنيادىكى چېغىدا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرغان، شۇنداقلا بىز كۆرسەتكەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى ياخشىلارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزىمىز؛ مۇكاپاتلايمىز. دېمەككى، دۇنيادا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە كۆرسىتىلگەن ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلغانلار، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن «ياخشىلار» دېگەن ئىسىم بىلەن بىر يەرگە توپلىنىدۇ، مۇشرىك ئاتا - ئانىسىنىڭ زۇلۇمىغا بويۇن ئەگمەستىن ئۆز ئىمانىنى ساقلىغان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۇ «ياخشىلار»نىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىلاھىي ئىلتىپاتقا بىرلىكتە ئېرىشىش مۇناسىۋىتى بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاخىرەتتە «ياخشىلار»نىڭ ئوتتۇرىسىدا جەننەتتە ئاللاھ تائالانىڭ مېھمىنى بولۇش ۋە بىرلىكتە كۈتۈلۈش مۇناسىۋىتى بولىدۇ. دۇنيادىكى تۇغقانلىق ياكى قۇدا - باجىلىق بىلەن شەكىللەنگەن يېقىنلىق مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، ئۇلار ئىمان بولمىسا مۇشۇ دۇنيادا ئاخىرلىشىدۇ، ئاخىرەتتە مۇشرىكلار مۇئمىنلارنىڭ قاتارىغا كىرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىشىغا مۇپتىلا بولغان مۇئمىنلارنىڭ سەۋر قىلىشى ۋە ئاللاھ تائالادىن ئۈمىد كۈتۈپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئىشلار ئۆتكۈنچىدۇر، «ياخشىلار»نىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ۋاقتى يېقىندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ فَإِذَا أُوذِيَ فِي اللَّهِ جَعَلَ فِتْنَةَ النَّاسِ كَعَذَابِ اللَّهِ وَلَئِنْ جَاءَ نَصْرٌ مِنْ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ إِنَّا كُنَّا مَعَكُمْ ۚ أَوَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِمَا فِي صُدُورِ الْعَالَمِينَ
بەزى كىشىلەر: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكەن كۈلپەتنى ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭدىن مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ جاھان ئەھلىنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
بەزى كىشىلەر: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئاندىن قاچانىكى ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكەن كۈلپەتنى ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىلىدۇ، ئەگەر رەببىڭدىن ساڭا بىر مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ جاھان ئەھلىنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، «ئاللاھقا ئىشەندۇق» دەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئەزىيەتكە ئۇچرىسا ئىنسانلاردىن يەتكەن ئازارنى ئاللاھتىن كەلگەن ئازاب بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ. ئەگەر رەببىڭدىن زەپەر كەلسە «بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ پۈتۈن ئالەم خەلقىنىڭ دىللىرىكى نەرسىلەرنى ئوبدان بىلىدىغان زات ئەمەسمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئىمانىدا سادىق مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرى ۋە مۇكاپاتى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت؛ ئۇلار ھەرقانداق شارائىتتا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ئېتىقادى يولىدا كەلگەن ھېچبىر مۇسىبەتكە بويۇن ئەگمەيدۇ، ھەق ئۈستىدە ئاخىرقى تىنىقىغىچە چىڭ تۇرۇپ ئىلاھىي مۇكاپاتقا لايىق بولىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق بىر پىرقە باركى، ئۇ پىرقە: «بىز ئاللاھقا ئىشەندۇق» دەيدۇ، ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۇلارنى مۇئمىن بولغانلىقى ئۈچۈن قىينىسا ياكى تىللىسا ۋە ياكى بىرەر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتسا، دۈشمەنلەردىن يەتكەن ۋاقىتلىق دەرد - ئەلەمنى ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ئازابى بىلەن ئوخشاش كۆرۈپ باتىلغا يانىدۇ، ئىزھار قىلغان ئىمانىنى ئىنكارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ مۇئمىنلارغا نۇسرەت ئاتا قىلسا ۋە ئۇلارنى دۈشمەندىن غالىب قىلسا، ئۇلار مۇئمىنلارغا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق، سىلەرگە ئەگەشكەن، سىلەر بىلەن بىر يولدا ماڭغان ئىدۇق» دەپ غەنىيمەتتىن ئۈلۈش تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يامان نىيەت ۋە خاتا قىلمىشلىرى ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس، ئاللاھ پۈتۈن ئالەم خەلقىنىڭ دىللىرىكى نىيەت، چۈشەنچە ۋە مەقسەتلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ نىيىتىنى دۇرۇسلاپ سەمىمىي مۇئمىن بولۇشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَيَعْلَمَنَّ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْمُنَافِقِينَ
ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم بىلىدۇ، مۇناپىقلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ مۇئمىنلارنى چوقۇم بىلىدۇ، مۇناپىقلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، مۇنافىقلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئېغىر مۇسىبەت ۋە زور قىيىنچىلىق بىلەن سىناپ مۇئمىنلار بىلەن مۇنافىقلارنى ئايرىيدۇ؛ مۇسىبەتلەردىن تاۋلىنىپ چىققان ھەقىقىي مۇئمىنلارنى دۇنيادا نۇسرەت، ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتەلمىگەن ساختىپەزلەرنى دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ، ئاخىرەتتە مەڭگۈ ئازاب چېكىشى ئۈچۈن دوزاخقا مەھكۇم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا اتَّبِعُوا سَبِيلَنَا وَلْنَحْمِلْ خَطَايَاكُمْ وَمَا هُمْ بِحَامِلِينَ مِنْ خَطَايَاهُمْ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «بىزنىڭ يولىمىز (يەنى دىنىمىز) غا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. كاپىرلار مۆمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن ئازراقمۇ ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار مۇئمىنلارغا: «بىزنىڭ يولىمىزغا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. كاپىرلار مۇئمىنلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئازراقمۇ ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار مۇئمىنلارغا: «بىزنىڭ يولىمىزغا كىرىڭلار، گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالايلى» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇلارنىڭ ھېچبىر گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
كۇفرىنىڭ پېشۋالىرى، شېرىكنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە كافىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى، ئىمان كەلتۈرۈپ مۇھەممەدكە ئەگەشكەن كىشىلەرگە: «بىزنىڭ يولىمىزغا كىرىڭلار، بىزگە ئەگىشىڭلار، بۇرۇنقى دىنىڭلارغا قايتىڭلار، ناۋادا قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىشتىن ئەندىشە قىلىپ مۇھەممەدكە ئەگەشكەن بولساڭلار، قورقماڭلار، ئىسلامدىن قايتىپ بىزنىڭ دىنىمىزغا كىرىڭلار، بىز سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۈستىمىزگە ئالايلى» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ كافىرلار بۇ مۇئمىنلار ئىمانىدىن يانغان تەقدىردە بۇلارنىڭ ھېچبىر گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇ كافىرلار بۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَيَحْمِلُنَّ أَثْقَالَهُمْ وَأَثْقَالًا مَعَ أَثْقَالِهِمْ ۖ وَلَيُسْأَلُنَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَمَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى (يەنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئازدۇرغانلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) ئۈستىگە ئالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقا نۇرغۇن ئېغىر يۈكلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئويدۇرغان بوھتانلىرى توغرۇلۇق قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئازغانلىق ۋە ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەنلىك گۇناھلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ گۇناھلىرى بىلەن قوشۇپ باشقىلارنى ئازدۇرغانلىق گۇناھلىرىنى يۈدۈپ ھۇزۇرىمىزغا كېلىدۇ، شۇنداقلا بىزگە ھېساب بېرىدۇ ۋە ھېساب نەتىجىسىدە مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: بەزى ئايەتلەردە ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، لېكىن بۇ (13 -) ئايەتتە ۋە باشقا بىر ئايەتتە قىيامەت كۈنى بەزى گۇناھكارلارنىڭ باشقىسىنىڭ گۇناھىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ . دېمەككى، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن ئازغۇنلۇق يېتەكچىلىرى ئۆزلىرى ئازغانلىقنىڭ ۋە باشقىلارنى ئازدۇرغانلىقنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قىيامەت كۈنى مەھشەرگە يۈدۈپ كېلىدۇ، نەتىجىدە ئۇ بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئەمەس ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئىككى تۈرلۈك گۇناھىنى يۈدۈپ كېلىدۇ، پەقەت ئېزىش گۇناھىنىلا قىلغانلار ئاخىرەتتە ئۇلار بىلەن دوزاختا جەم بولىدۇ ۋە بىر - بىرىگە لەنەت ئوقۇشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدە قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئاندىن 2 ~ 13 - ئايەتلىرىدە ئۆزىنىڭ مۇئمىنلارنى سىنايدىغانلىقىنى، سىناقتىن ئۆتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى، ئىمان كەلتۈرمىگەنلەرنى ۋە سىناقتىن ئۆتمىگەنلەرنى جازالايدىغانلىقىنى، بۇ سىناشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئىجرا قىلىپ كەلگەن بىر قانۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، مۇكاپاتنىڭ ۋە جازانىڭ نېمىلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن 14 ~ 40 - ئايەتلەردە (نۇھ، ئىبراھىم، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملاردىن ئىبارەت) بىرقانچە پەيغەمبەرنىڭ قىسسەسىنى، ئاد قەۋمى، سەمۇد قەۋمى، فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇن قاتارلىق ئاسىيلارنى ھالاك قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇ (2 ~ 13 -) ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا تەسىللىي بېرىدۇ، ئۇلارغا ياخشى ئاقىۋەتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَلَبِثَ فِيهِمْ أَلْفَ سَنَةٍ إِلَّا خَمْسِينَ عَامًا فَأَخَذَهُمُ الطُّوفَانُ وَهُمْ ظَالِمُونَ
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، نۇھ (قەۋمىنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىپ) ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىنپۈتمىدى). ئۇلار زالىم بولغانلىقلىرى (يەنى كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا چىڭ تۇرۇپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى توپان (بالاسى) بىلەن ھالاك قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە 50 يىل كەم 1000 يىل تۇردى. كېيىن زۇلۇم قىلىۋاتقان ئۇ قەۋمنى توپان ھالاك قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى[2]. ئاندىن ئۇلارنى توپان ھالاك قىلدى. ئۇلار بۇ ئەسنادا زۇلۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا بىز نۇھنى ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. نۇھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇرۇپ ئۇلارنى كېچە - كۈندۈز ۋە ئاشكارا - يوشۇرۇن ھەقكە دەۋەت قىلدى. ئۇلار بولسا، نۇھقا قارشى چىقىپ كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىدى، نۇھنى مەسخىرە قىلدى، تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى چاپلىدى، ئاخىرى ئۇنى يولىدىن يانمىغان تەقدىردە چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلدى. نۇھ، ئىش بۇ نۇقتىغا كەلگەندە قەۋمىگە بالا تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن نۇھنىڭ قەۋمى توپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلىندى. ئۇلار ھالاك قىلىنغانغا قەدەر كۇفرىلقتا ۋە ئاسىيلىقا ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلماقتا ئىدى. «ئەللىك يىل كەم مىڭ يىل تۇردى» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى 950 يىل تۇردى دېگەن بولىدۇ. بۇ، ئەرەبچىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. چۈنكى ئەرەبچىدە سان، مۇئەييەن پۈتۈن سانغا يەتكىلى بىرقانچە سان قالغاندا پۈتۈن سانغا «مۇنچىلىك كەم» دېگەن سۆز قوشۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَنْجَيْنَاهُ وَأَصْحَابَ السَّفِينَةِ وَجَعَلْنَاهَا آيَةً لِلْعَالَمِينَ
بىز نۇھنى ۋە كېمىدىكىلەرنى (غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق، توپاننى پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز نۇھنى ۋە كېمىدىكىلەرنى قۇتقۇزدۇق ۋە ئۇنى پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن بىز نۇھنى ۋە كېمىدىكىلەرنى قۇتقۇزدۇق، بۇنى ئالەملەر ئۈچۈن ئايەت قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
بىز نۇھنى ، نۇھ بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن كېمىگە ئالغان ھايۋانلارنى ۋە ئىنسانلارنى قۇتقۇزدۇق، بىز بۇ ھادىسىنى پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ئىبرەت قىلدۇق؛ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەشنىڭ ۋە پەيغەمبەرگە قارشى چىقىشنىڭ ئاقىۋىتىنى قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا ئىبرەت ئېلىش ۋە بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلەش ۋاسىتىسى قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِبْرَاهِيمَ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ ۖ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىمنىمۇ -قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق-، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىبراھىمنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئىبراھىمنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىن دەپ دەۋا قىلىدىغان، لېكىن ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان قەۋمىڭگە ئىبراھىمنىڭ قىسسەسىنى ئېيتىپ بەرگىن: ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىنى تەۋھىدكە چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگەن دېدى: «ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار، ئاللاھقا چوقۇنۇڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىڭلار. ئەگەر بىر نەرسە بىلىدىغان، كاللاڭلار ئىشلەيدىغان ۋە پايدا - زىياننى پەرق ئېتىدىغان ئادەملەر بولىدىغان بولساڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىش ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، چۈنكى تەۋھىد سىلەرنى نىجاتلىققا يەتكۈزىدۇ، بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا وَتَخْلُقُونَ إِفْكًا ۚ إِنَّ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَمْلِكُونَ لَكُمْ رِزْقًا فَابْتَغُوا عِنْدَ اللَّهِ الرِّزْقَ وَاعْبُدُوهُ وَاشْكُرُوا لَهُ ۖ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا ـ زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار (يەنى بۇتلار) سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزىقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار (رىزىق بېرىشكە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزى قادىردۇر)، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار، سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، شۇڭا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقنى تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئاللاھنى قويۇپ پەقەت بۇتلارغىلا چوقۇنۇۋاتىسىلەر ۋە بوھتان توقۇۋاتىسىلەر. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان زاتلار سىلەرگە رىزىق بېرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا رىزىقنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن ئىزدەڭلار، ئاللاھقا چوقۇنۇڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر، ئۆزلىرىڭلار ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ياسىغان ھەيكەللەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتاش بىلەن ئەمەلىيەتتە يوق نەرسىنى ئويدۇرۇپ چىقىۋاتىسىلەر. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان ئۇ ھەيكەللەر سىلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، سىلەردىن ھېچقاندان زىياننى قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، سىلەرگە رىزىق بېرەلمەيدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنداق ئاجىز نەرسىلەرگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ، ھەممىگە قادىر ئاللاھقا چوقۇنۇش ۋە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش بىلەن رىزىقنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەڭلار، شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى: سىلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ تُكَذِّبُوا فَقَدْ كَذَّبَ أُمَمٌ مِنْ قَبْلِكُمْ ۖ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
سىلەر (مېنى) ئىنكار قىلساڭلار (ئىنكار قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەقەت ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزىسىلەر)، سىلەردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى نازىل بولغان، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئازاب نازىل بولىدۇ)، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى) چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر يالغانغا چىقىرىدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ يالغانغا چىقارغان ئىدى، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەتلا چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر راستنى يالغان دېسەڭلار، سىلەردىن بۇرۇنقى ئۇممەتلەرمۇ راستنى يالغان دېگەن ئىدى. رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر». — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ نەسىھەتنى قىلىۋاتىمەن، ئەگەر دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ ماڭا ئەگەشسەڭلار نىجاتلىققا ئېرىشىسىلەر، ناۋادا مېنى يالغانچىغا چىقارساڭلار، بۇنىڭ ماڭا بىرەر زىيىنى يوق، ئەكسىچە ئۆزۈڭلار زىيان تارتىسىلەر؛ ئاللاھ تەرىپىدىن جازالىنىسىلەر. سىلەردىن بۇرۇنقى ئۇممەتلەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە جازالانغان ئىدى. مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى يەتكۈزۈپ ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم، سىلەردىن دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ قىلمىغانلىقىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىش ئاللاھقا ئائىتتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَلَمْ يَرَوْا كَيْفَ يُبْدِئُ اللَّهُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
ئۇلار (يەنى ئىنكار قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر (ئۇلار بۇنى قانداقمۇ ئىنكار ق ىلىدۇ، دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر بولغان زات قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنىڭ دەسلەپتە يوقتىن قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم
(ئاللاھ ئېيتىدۇ) قىيامەتنى ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىۋاتقان ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ، قىيامەت كۈنى ئۇ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە ياراتقاندەك يارىتىش بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. دەسلەپتە يوقتىن يارىتىش ئاللاھقا ئاسان بولغاندەك، بۇ ئىككىنچى يارىتىشمۇ ئاللاھقا ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ بَدَأَ الْخَلْقَ ۚ ثُمَّ اللَّهُ يُنْشِئُ النَّشْأَةَ الْآخِرَةَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ (يوقتىن) بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق بار قىلغانلىقىغا، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى قايتىدىن قانداق پەيدا قىلىدىغانلىقىغا قاراڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئاللاھنىڭ يارىتىشنى قانداق باشلىغانلىقىنى كۆزىتىڭلار! ئاللاھ كەلگۈسىدە بۇ يارىتىشنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭدىن، قىيامەت كۈنىنى ۋە قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغانلارغا ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ئەتراپنى ئايلىنىڭلار ۋ ئاسمان - زېمىن، تاغ - تاش، دەل - دەرەخ، جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر... قاتارلىق مەخلۇقاتقا قاراڭلار، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى يوقتىن قانداق ياراتقانلىقىنى كۆزىتىڭلار! ئاللاھ ئەنە شۇ مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقاندەك، قىيامەت كۈنى بەندىلىرىنى قايتا يارىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇلاردىن دۇنيادىكى چاغلىرىدا بىرىنچى قېتىم يارىتىلغاندىن كېيىن قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ وَيَرْحَمُ مَنْ يَشَاءُ ۖ وَإِلَيْهِ تُقْلَبُونَ
ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ، (قىيامەتتە) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازابلايدۇ، خالىغان كىشىگە مەرھەمەت قىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ھېساب نەتىجىسىدە ئاللاھ ئازابقا تېگىشلىك بولغان كىشىنى ئۆز ئادالىتى بىلەن ئازابلايدۇ، رەھمەتكە لايىق بولغان كىشىگە ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن رەھمەت قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى سىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ ۖ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن بۆلەك دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق» — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ نى ئاجىزلاشتۇلمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق» — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچبىر يەردە ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىي ۋە ياردەمچى يوقتۇر». — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنكارچىلار! سىلەر مەيلى زېمىندا بولۇڭلار، مەيلى ئاسماندا بولۇڭلار، قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ھېچبىر يەردە ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى ئۆز ئىلمى ۋە قۇدرىتى بىلەن قورشاپ تۇرماقتىدۇر. سىلەرنىڭ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان بىرەر ھىمايىچىڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىنى سىلەردىن قايتۇرۇۋېتىدىغان بىرەر ياردەمچىڭلار بولمايدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ وَلِقَائِهِ أُولَٰئِكَ يَئِسُوا مِنْ رَحْمَتِي وَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى ئاخىرەتنى) ئىنكار قىلغانلار -ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن نائۈمىد بولدى. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن نائۈمىد بولدى. ئەنە شۇلار ئۈچۈن دەرتلىك ئازاب باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلار رەھمىتىمدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردۇر. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
تەۋھىدنىڭ كائىناتتىكى دەلىللىرىگە كۆز يۇمغان، پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن ئايەتلەرنى ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلار، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلگەندىن باشلاپ مەھشەرگە كەلتۈرۈلگۈچىلىك بولغان جەرياندا، مەھشەر مەيدانىدا ۋە ھېساب ئەسناسىدا، دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئىلاھىي رەھمەتتىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى ناھايىتى قىينايدىغان ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا اقْتُلُوهُ أَوْ حَرِّقُوهُ فَأَنْجَاهُ اللَّهُ مِنَ النَّارِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى (ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئوتنى سۈرۈن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردى). ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
قەۋمىنىڭ ئىبراھىمغا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار». لېكىن ئاللاھ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتقۇزدى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىمنىڭ سەمىمىي نەسىھەتىگە ۋە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشىغا قەۋمىنىڭ بەرگەن جاۋابى، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ بىر - بىرىگە: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈېتىڭلار ياكى ئۇنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈېتىڭلار» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەخسۇس بىر يەرگە ئوت قالاپ ئىبراھىمنى ئوتنىڭ ئىچىگە مانچاناق بىلەن ئاتتى، لېكىن ئاللاھ ئىبراھىمنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىدى؛ ئوت ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئىبراھىمنى كۆيدۈرمىدى. ئاللاھنىڭ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتقۇزۇشىدا تەپەككۇر قىلىدىغان، دەلىلنى ئاساس قىلىدىغان ۋە ئىمان كەلتۈرىدىغان قەۋمگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان، رەھمىتىنى ئەسلىتىدىغان دەلىللەر بار؛ بۇ ھادىسە ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەرگە ئاللاھنىڭ ئۆز دوستلىرىغا نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقى، دۈشمەنلىرىنى مۇرادىغا يەتكۈزمەيدىغانلىقى ۋە ئۆزى خالىغان چاغدا كائىناتتا قويغان قانۇنىنى بىكار قىلىدىغانلىقى قاتارلىق ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ بۇ ھادىسىدە ئۆز ئەلچىسى ئىبراھىمنى كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلىدى، ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلارنى مۇرادىغا يەتكۈزمىدى، ئوتنىڭ كۆيدۈرۈش ئالاھىدىلىكىنى بىكار قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُمْ بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُمْ بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلار بەزىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: «سىلەر بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر. ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى بىر - بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر - بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر». — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنى ئەيىبلەپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ئاراڭلاردا بۇتپەرەسلىك ئۈستىگە دوستلۇق قۇرۇش ۋە قۇرۇلغان دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش، بۇتپەرەسلىك ئاساسىدا ئورنىتىلغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىر - بىرىڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بۇتپەرەسلەر گۇرۇھىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈنلا بۇ دۇنيا ھاياتىدا بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر، ئەسلىدە ھېچبىرىڭلارنىڭ بۇتقا چوقۇنۇشقا دەلىلى يوق، لېكىن دوستلۇق بۇزۇلمىسۇن، مۇناسىۋەتكە دەخلى يەتمىسۇن ۋە گۇرۇپپىدىن ئايرىلىپ قالمايلى دەپ بىر - بىرىڭلارغا قارشى چىقمايۋاتىسىلەر، بۇتپەرەسلىككە دەلىل سورىمايۋاتىسىلەر ۋە بۇتقا چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىلەر. ئەمما سىلەر قىيامەت كۈنى بىر - بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر - بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر؛ يېتەكچىلەر ئەگەشكەنلەردىن بىزار بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر يېتەكچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، ھەممىڭلار مەڭگۈ ئازاب چېكىشىڭلار ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىسىلەر. سىلەرنى دوزاخقا تاشلىنىشتىن ساقلاپ قالىدىغان ياردەمچىلىرىڭلار بولمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَآمَنَ لَهُ لُوطٌ ۘ وَقَالَ إِنِّي مُهَاجِرٌ إِلَىٰ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم پەرۋەردىگارىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش يۈزىسىدىن ۋەتىنىمنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ ئەمر قىلغان جايغا ھىجرەت قىلىپ بارىمەن). ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
بۇنى چۈشەنگەن لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى[1]. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم رەببىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمغا لۇت ئىشەندى. ئىبراھىم: «مەن رەببىمگە ھىجرەت قىلىمەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىمنىڭ دەۋىتىگە «لۇت» ئىشەندى. ئىبراھىم: «مەن رەببىم بۇيرۇغان يەرگە ھىجرەت قىلىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم يېڭىلمەس قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىدۇر؛ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قوغدايدۇ، خەيرلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَجَعَلْنَا فِي ذُرِّيَّتِهِ النُّبُوَّةَ وَالْكِتَابَ وَآتَيْنَاهُ أَجْرَهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خۇدالىق ئۈچۈن قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياخشى پەرزەنت ئىسھاقنى بەردۇق ۋە ئىسھاقنىڭ ئوغلى بولغان نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق)، (ئۇنىڭدىن كېيىن) پەيغەمبەرلىكنى، كىتابنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) ئۇنىڭ ئەۋلادىغا خاس قىلدۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق (يەنى جىمى دىنلاردا ئۇنى ياخشى نامغا ئىگە قىلدۇق)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن كەلگەنلەرگە پەيغەمبەرلىك ۋە كىتاب بەردۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، نەبىيلىكنى ۋە كىتابنى ئۇنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇنى دۇنيادا مۇكاپاتلىدۇق. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم ياخشىلاردىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ياشانغان ۋە بالىسى بولۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن چاغدا بىز ئۇنىڭغا ئىسھاقنى ۋە ئىسھاقتىن بولغان نەۋرىسى يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، نەبىيلىكنى ۋە كىتابنى ئۇنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇنى دۇنيادا مۇكاپاتلىدۇق. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم ياخشىلاردىن بولىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرنى ئۇنىڭ نەسلىدىن تاللاپ ئەۋەتكەن؛ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئىسھاق، نەۋرىسى يەئقۇبنى پەيغەمبەر قىلغان (ئۇلارغا سالام بولسۇن). بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى كىچىك ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن تاللىغان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن تاللىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُمْ بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِنَ الْعَالَمِينَ
لۇتنى (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن بىرىمۇ مۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
لۇتنىمۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن بىرىمۇ مۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر ھازىرغىچە پۈتۈن ئالەم ئىچىدىن ھېچكىم قىلمىغان قەبىھ ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(28-29) ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرى لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ قەۋمىڭگە لۇتنىڭ قىسسەسىنىمۇ بايان قىلغىن: لۇت ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر ئىلگىرى بارلىق جاھان ئەھلىدىن ھېچكىم قىلمىغان قەبىھ ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر؛ سىلەر ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولۇۋاتىسىلەر، يولنى توسۇپ تۈرلۈك يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر، سورۇنلىرىڭلاردا ئاللاھتىن ئەيمەنمەستىن ۋە بىر - بىرىڭلاردىن ھايا قىلماستىن يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداق ئەمەسمۇ!». لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇنى مەسخىرە قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئازابنى تېز كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ: «ئى لۇت! سېنىڭچە ناۋادا بىز بۇ يولىمىزدىن يانمىساق ئاللاھ بىزگە ئازاب ئەۋتىدۇ، شۇنداقمۇ! ئەگەر بۇ سۆزۈڭ راست بولىدىغان بولسا، قېنى بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن!» دېدى. ئۇلارنىڭ لۇتقا بەرگەن بىردىنبىر جاۋابى مۇشۇ بولدى، ئاندىن ئۇلار لۇتنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ وَتَقْطَعُونَ السَّبِيلَ وَتَأْتُونَ فِي نَادِيكُمُ الْمُنْكَرَ ۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا ائْتِنَا بِعَذَابِ اللَّهِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
سىلەر ھەقىقەتەن لىۋاتە قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئەلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟ » ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولۇۋاتىسىلەر، نەسىلنىڭ يولىنى ئۈزۈۋاتىسىلەر، سورۇنلىرىڭلاردا يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر، شۇنداق ئەمەسمۇ!» شۇنىڭ بىلەن قەۋمىنىڭ لۇتقا بەرگەن بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن!». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي عَلَى الْقَوْمِ الْمُفْسِدِينَ
لۇت: «پەرۋەردىگارىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلار بۇزغۇنچى ئەخمەقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈزىلىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، ئۇلار گۇمراھلىققا، بۇزۇقچىلىققا چۆمۈپ كەتكەن)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
لۇت: «رەببىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
لۇت: «رەببىم! بۇ بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم قىلغىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
لۇت قەۋمىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا بالا، ئۆزىگە نۇسرەت تىلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى، ئۇ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ! بۇ بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم قىلغىن؛ مېنى ۋە ماڭا تەۋە بولغانلارنى بۇلارنىڭ يامانلىقىىدن قۇتقۇزغىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَمَّا جَاءَتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُشْرَىٰ قَالُوا إِنَّا مُهْلِكُو أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ ۖ إِنَّ أَهْلَهَا كَانُوا ظَالِمِينَ
ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا (پەرزەنت بېرىلىشتىن ئىبارەت) خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا: «بىز شۇ يۇرت ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز. چۈنكى ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم بولدى» دېدى. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇزغۇنچى قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەردىن بىر جامائەنى ئەۋەتتۇق. پەرىشتىلەر ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز سۈپىتىدە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئىسھاق دەپ بىر ئوغلى ۋە يەئقۇب دەپ بىر نەۋرىسى بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى ۋە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ لۇتنىڭ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطًا ۚ قَالُوا نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَنْ فِيهَا ۖ لَنُنَجِّيَنَّهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
ئىبراھىم: «ئۇ شەھەردە لۇت بارغۇ (يەنى لۇتقا ئوخشاش بىر ياخشى پەيغەمبەر تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىسىنى قانداقمۇ ھالاك قىلىسىلەر؟)» دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: «بۇ شەھەردە بار كىشىلەرنى بىز (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنى) ئوبدان بىلىمىز، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا كىشىلىرىنى ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئايالى (كۇفرىدا قەۋمىگە ھەمنەپەس بولغانلىقى ئۈچۈن) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم: «ئۇ شەھەردە لۇت بارغۇ؟-» دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: «بۇ شەھەردە بار كىشىلەرنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا كىشىلىرىنى ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز، چۈنكى ئايالى قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم: «ئۇ يەردە لۇت بارغۇ!» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇ يەردە كىمنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قۇتقۇزىمىز. لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم پەرىشتە ئەلچىلىرىمىزدىن لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ: «ئۇ يۇرتتا لۇت بارغۇ! ئۇ ئاھالىنىڭ ئىچىدە ئۇ زالىملاردىن بولمىغان لۇت بار تۇرسا ئۇلارنى قانداقمۇ ھالاك قىلىسىلەر؟! لۇتنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟!» دەپ سورىدى، پەرىشتىلەر: «بىز ئۇ يەردە كىمنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قۇتقۇزىمىز. لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» دېدى. ئەسكەرتىش: بۇ پەرىشتە ئەلچىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ ئۆيدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَمَّا أَنْ جَاءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِيءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالُوا لَا تَخَفْ وَلَا تَحْزَنْ ۖ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهْلَكَ إِلَّا امْرَأَتَكَ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتقا كەلگەن چاغدا، لۇت ئۇلارنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قايغۇردى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «سەن قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز چوقۇم سېنى ۋە ئايالىڭدىن بۆلەك كىشىلىرىڭنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئۇ قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتقا كەلگەن چاغدا، لۇت ئۇلارنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قايغۇردى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «سەن قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز چوقۇم سېنى ۋە ئايالىڭدىن بۆلەك كىشىلىرىڭنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئۇ- لۇتنىڭ ئايالى- قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، لۇت ئۇلار توغرۇلۇق قايغۇردى ۋە چارىسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلىرىمىز مۇنداق دېدى: «قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن. بىز سېنى ۋە ئائىلەڭنى قۇتقۇزىمىز. لېكىن ئايالىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(33-34) ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، لۇت ئۇلارنى ياش يىگىتلەر ھالىتىدە كۆرۈپ قەۋمىنىڭ ئۇلارغا يامانلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ قايغۇردى ۋە ئۇلارنى قوغداشتىن چارىسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: «قەۋمىڭنىڭ بىزگە چېقىلىشىدىن قورقمىغىن، بىز ئۈچۈن قايغۇرمىغىن. بىز سېنىڭ رەببىڭ ئەۋەتكەن پەرىشتىلەر بولىمىز، بىز رەببىڭنىڭ ئەمرى بىلەن سېنى ۋە ئائىلەڭنى قۇتقۇزغىلى كەلدۇق. لېكىن ئايالىڭنى قوتقۇزمايمىز، ئايالىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدا ھالاك بولۇپ كېتىدۇ. بىز بۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۈستىگە ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز. چۈنكى ئۇلار يولدىن چىقتى». ئەسكەرتىش: پەرىشتىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغۇچىلىك بولغان ئىشلار مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّا مُنْزِلُونَ عَلَىٰ أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز شۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۈستىگە ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈرىمىز. چۈنكى ئۇلار فاسىق بولدى». — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ تَرَكْنَا مِنْهَا آيَةً بَيِّنَةً لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
چۈشۈنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئىبرەت قىلىپ) ئۇنىڭدىن (يەنى شەھەر خارابىسىنىڭ ئىزلىرىدىن) روشەن نىشاننى ھەقىقەتەن قالدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ
چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن روشەن نىشاننى ھەقىقەتەن قالدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇ يۇرتتىن، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋمگە روشەن ئايەت قالدۇردۇق. — ئەنەس ئالىم
(ئاللاھ ئېيتىدۇ) بىز ئۇ يۇرتنى ھالاك قىلىۋەتتۇق ۋە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋمگە ئۇ يۇرتتا روشەن دەلىل قالدۇردۇق؛ ئۇ يۇرتنىڭ خارابىلىكلىرىگە ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغانلار، پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرىدۇ، ئۇ يەردە ئىبرەتلىك مەنزىرىلەر بار. ئاللاھ تائالا ئۇ يەرگە كۈن چىقىۋاتقان ئەسنادا دەھشەتلىك ئاۋاز ئەۋەتتى، يەرنى كۆمتۈرۈۋەتتى ۋە ئۈستىگە مەخسۇس تەييارلانغان تاشلارنى ياغدۇردى، نەتىجىدە ئۇ يۇرت خارابىگە ئايلاندى، ئاھالىسى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 36-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق باشقا پەيغەمبەرلەروَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَارْجُوا الْيَوْمَ الْآخِرَ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مەديەن (ئاھالىسىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، شۇئەيب: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
مەديەنگە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز مەديەن ئاھالىسىگە ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىڭلار، بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز مەديەن ئاھالىسىگە ئۆزلىرىنىڭ مىللەتدىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قەۋمىڭگە شۇئەيبنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن: شۇئەيب قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار، تائەت - ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىش بىلەن ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇىدا مۇكاپاتلىنىشنى ئۈمىد قىلىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار؛ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، كەمچەن ۋە تارازىنى كەم تۇتۇش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش قاتارلىق يامان ئىشلاردىن يېنىڭلار، تەۋبە قىلىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى تۈزىتىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇئەيبنى يالغانچى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى. — ئەنەس ئالىم
مەديەن ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قېرىندىشى بولغان پەيغەمبەر شۇئەيبنى يالغانچىغا چىقاردى، ئىنكار قىلدى ۋە قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا شىددەتلىك زىلزىلە ئەۋەتتى، ئۇلار تۇرغان يەرلىرىدە ئۆلۈپ دۈم چۈشتى. مەديەن ئاھالىسى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتىىن باشقا، ئۆلچەمنى كەم تۇتۇش، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش ۋە تىجارەت يوللىرىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكەن سودىگەرلەرنى بۇلاش قاتارلىق يامان ئىشلارنى قىلاتتى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۇلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلدى، مەزكۇر يامان ئىشلاردىن توستى، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن توغرا يولغا قايتىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. ئۇلار بولسا، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامغا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى چاپلاپ دەۋىتىنى رەت قىلدى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ناھايىتى كەمتەرلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئۇلارغا نەسىھىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلدى، ھەددىدىن ئېشىپ شۇئەيب ئەلەيھىسسالامدىن (تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان) ئازابنى كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئىش بۇ نۇقتىغا يەتكەندە شۇئەيب ئەلەيھىسسالام، ئۆزىگە ۋە مۇئمىنلارغا نىجاتلىق، ئۇ تەرسالارغا بالا تىلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ زالىم قەۋمىنى ھالاك قىلىۋەتتى؛ ئۇلار ياشاۋاتقان يەرلەردىن ھاۋانى توسۇپ مەھەللىنى دىمىق ھالەتكە كەلتۈردى، ئاندىن بىر بۇلۇت ئەۋەتتى، ئۇلار سايىداش ۋە راھەت نەپەس ئېلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىدىن چىقىپ بۇلۇتنىڭ ئاستىغا جەم بولدى، بۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۈستۈن تەرىپىدىن دەھشەتلىك ئاۋاز، ئاستىن تەرىپىدىن قاتتىق زىلزىلە ۋە بۇلۇتتىن ئوت پارچىلىرى ئەۋەتتى، نەتىجىدە ئۇلار تەلتۆكۈس ھالاك بولدى، ئۇلارنىڭ يۇرتى خارابىگە ئايلاندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَادًا وَثَمُودَ وَقَدْ تَبَيَّنَ لَكُمْ مِنْ مَسَاكِنِهِمْ ۖ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَكَانُوا مُسْتَبْصِرِينَ
ئادنى ۋە سەمۇدنى (ھالاك قىلدۇق)، (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ (ھىجازدىكى، يەمەندىكى) تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى مەلۇم بولدى، شەيتان ئۇلارغا (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن ئىبارەت) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى (لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئەقلىنى جايىدا ئىشلەتمىدى) — مۇھەممەد سالىھ
ئادنى ۋە سەمۇدنىمۇ -ھالاك قىلدۇق-، -ئى ئەھلى مەككە!- سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى مەلۇم بولدى، شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنى ھالاك قىلدۇق. بۇنى سىلەرگە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسقان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىمىزدىن ھۇدنىڭ قەۋمى ئادنى ۋە سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدنى ھالاك قىلدۇق؛ ئاد قەۋمىنى سەككىز كېچە ۋە يەتتە كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي قاتتىق ۋە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتتۇق، سەمۇد قەۋمىنى دەھشەتلىك ئاۋاز ۋە قاتتىق زىلزىلە بىلەن ھالاك قىلىۋەتتۇق. بۇنى سىلەر يەمەن ۋە شامغا قىلغان سەپەرلىرىڭلاردا ئۇ خارابىلىكلەرگە قاراپ ئېنىق كۆرىسىلەر . ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھالاك، يۇرتلىرىنىڭ خاراب بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ شەيتانغا ئەگىشىشىدۇر، پەيغەمبەرلەر دەۋەت قىلغان يولنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇ يولنى قوبۇل قىلماسلىقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَارُونَ وَفِرْعَوْنَ وَهَامَانَ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مُوسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانُوا سَابِقِينَ
(دۇنيا ـ دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى — مۇھەممەد سالىھ
قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە ھاماننىمۇ -ھالاك قىلدۇق-، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى، ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
قارۇن، فىرئەۋن ۋە ھاماننىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولدى. مۇسا ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى. لېكىن بىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا قارۇن، فىرئەۋن ۋە ھامانلارنىمۇ ھالاك قىلىۋەتتۇق، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچلىرىگە تايىنىپ ساڭا قارشى چىقىۋاتقان تەرسالارغا ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلغىن. بىزنىڭ بۇرۇنقى ئەلچىلىرىمىزدىن مۇسا، مەزكۇر ئۈچ گەدەنكەشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە بىز بەرگەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغان ئىدى. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ مۇسانىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىدى ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَكُلًّا أَخَذْنَا بِذَنْبِهِ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِ حَاصِبًا وَمِنْهُمْ مَنْ أَخَذَتْهُ الصَّيْحَةُ وَمِنْهُمْ مَنْ خَسَفْنَا بِهِ الْأَرْضَ وَمِنْهُمْ مَنْ أَغْرَقْنَا ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
(بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال ـ مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى سۇدا غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن جازالىدۇق: ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاشلار ياغدۇرىدىغان قاتتىق بوران ئەۋەتتۇق، بەزىسىنى قاتتىق ئاۋاز ھالاك قىلدى، بەزىسىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق، بەزىسىنى غەرق قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۇ ئىنكارچىلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن جازالىدۇق: ئۇلارنىڭ بەزىسىنى تاشلار ياغدۇرىدىغان قاتتىق بوران ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتتۇق، بەزىسىنى دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلدۇق، بەزىسىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتۇق، بەزىسىنى دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلىۋەتتۇق. بىز ئۇلارغا ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار كۇفرىلىق قىلىش، پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىش ۋە گۇناھلارغا چۆمۈش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى؛ ئۆزلىرىنى ئىلاھىي جازاغا لايىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئۇۋال قىلدى. يۇقىرىدىكى (38 -) ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنغاندەك ئاللاھ تائالا ئاد قەۋمىنى قاتتىق بوران بىلەن، سەمۇد قەۋمىنى دەھشەتلىك ئاۋاز ۋە قاتتىق زىلزىلە بىلەن ھالاك قىلدى. قارۇننى بولسا پۈتۈن تەئەللۇقاتى بىلەن يەرگە يۇتقۇزۇۋەتتى، فىرئەۋن ۋە ھامانغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى پۈتكۈل لەشكەرلىرى ۋە ئادەملىرى بىلەن قىزىل دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىۋەتتى. ئاللاھ تائالا 14 ~ 40 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ، ئۆتمۈشتە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماي شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىگەن مۇشرىكلارنى ھالاك قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 41 ~ 45 - ئايەتلەردە بولسا، بارلىق مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىنى بىر مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتىنى ۋە چەكسىز ئىلمىنى ئەسلىتىپ مۇشرىكلارنى قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ، مۇئمىنلارغا ھەق ئۈستىدە ئاداققىچە مۇستەھكەم تۇرۇشلىرى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَثَلُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْلِيَاءَ كَمَثَلِ الْعَنْكَبُوتِ اتَّخَذَتْ بَيْتًا ۖ وَإِنَّ أَوْهَنَ الْبُيُوتِ لَبَيْتُ الْعَنْكَبُوتِ ۖ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
ئاللاھنى قويۇپ باشقا نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ (يەنى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ئۇنى ئىسسىق ـ سوغۇقتىن قوغدىيالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقانلىرىمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (ئاللاھتىن باشقىغا چوقۇنمايتتى) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن باشقىلارنى دوست تۇتقانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. كاشكى ئۇلار بىلگەن بولسا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلارنىڭ ئەھۋالى، ئۆي تۇتقان چىشى ئۆمۈچۈكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى چوقۇم چىشى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ! — ئەنەس ئالىم
ئاللاھتىن باشقا بىرەر نەرسىنى ياكى بىرەر شەخسنى ھىمايىچى دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا تېۋىنغان، تايانغان ۋە چوقۇنغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى، ياشاش ئۈچۈن ئۆي تۇتقان چىشى ئۆمۈچۈكنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى چوقۇم ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر؛ ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى، ئۆمۈچۈكنى ئىسسىق - سوغۇق، بوران - چاپقۇن، قار - يامغۇر ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ زىيانكەشلىكى ... قاتارلىق خەۋپ - خەتەرلەردىن ساقلىيالمىغاندەك، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىمۇ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغدىيالمايدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھتىن غەيرىينى «بىزنى قوغدايدۇ، قوللايدۇ، ھىمايە قىلىدۇ، بىزنى ئېغىرچىلىق ۋە قىيىنچىلىقتىن ساقلايدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىشى، ئۆمۈچۈكنىڭ ياشاش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئاجىز ئۆينى سېلىشىغا ئوخشايدۇ. مۇشرىكلار كاللىسى ئىشلەيدىغان، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان ۋە تەپەككۇر قىلىدىغان، شۇنداقلا ئىلىمگە ئىگە بولغان كىشىلەر بولغان بولسا ئىدى، ئۇنداق پايدىسى يوق ئىشلارنى قىلمىغان بولاتتى. لېكىن جاھالەت ۋە تەقلىد مۇشرىكلارنى پايدىسى يوق ئىش بىلەن پايدىسى بار ئىشنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاللاھ ئۇلار ئاللاھنى تاشلاپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرىۋاتقان نەرسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىسىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۇ مۇشرىكلار تېۋىنىۋاتقان ۋە چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ؛ مۇشرىكلار چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر نېمە بولۇشىدىن ۋە كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، قىيامەت كۈنى چوقۇنغۇچىلىرىنى قوغداش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار قوغدىيالماسلىقتا ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىگە، ئۇلارغا چوقۇنۇش پايدىسى يوقلۇقتا ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆي تۇتۇشىغا ئوخشايدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى يېقىندا جازالايدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى دەرھال جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلىگەن، شۇ ۋاقىت كەلگۈچىلىك ئۇلارنى جازالاشنى كېچىكتۈرىدۇ، ئاللاھ يېڭىلمەس قۇدرەتكە ۋە چوڭقۇر ھېكمەتكە ئىگە زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ ۖ وَمَا يَعْقِلُهَا إِلَّا الْعَالِمُونَ
بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىلا چۈشىنەلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز بۇ مىساللارنى ئىنسانلارغا بايان قىلىمىز، ئۇلارنى ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە مىساللار! بىز ئۇلارنى ئىنسانلارغا بايان قىلىۋاتىمىز. لېكىن بۇ مىساللارنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ مىساللارنى ئەسلىدە بىز ئىنسانلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئۇ مىساللارغا قاراپ پايدىلىق ئىش بىلەن پايدىسىز ئىشنى پەرق ئېتىشى ئۈچۈن بايان قىلىۋاتىمىز، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇ مىساللارنى پەقەت ئەقلىنى ئىشلەتكەن ئىلىم ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ، ئىبرەت ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
خَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۇئمىنلار ئۈچۈن دەلىل بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. بۇنىڭدا مۇئمىنلار ئۈچۈن ئايەت بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆزىنىڭ قۇدرەت ، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ياراتقان. كائىناتتىكى مەخلۇقات بارلىق ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇۋاتسىمۇ، ئۇلاردىن پەقەت مۇئمىنلارلا ئىبرەت ۋە نەسىھەت ئالىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت تەييارلاش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئۇلاردىن شۈكۈر قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئاندىن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقان. شۇڭلاشقا ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە ئەگەشكەنلەرنى مۇكاپاتلاپ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلغان، ئەگەشمىگەنلەرنى جازالاپ ئۇلارنى ھالاك قىلغان. مۇكاپاتلار ۋە جازالار بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ ، تولۇق مۇكاپاتلار ۋە تولۇق جازالار شۇ كۈنى ۋە شۇ قىيامەت مەيدانىدا ئۆز ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئاسمان، زېمىن ۋە باشقا مەخلۇقاتنىڭ يارىتىلىشىدىكى ھېكمەت - سىرلارنى پەقەت مۇئمىنلار تونۇپ يېتىدۇ. مۇئمىن بولمىغانلار ئۇ مەخلۇقاتقا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ سىرلارنى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ ۖ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ ۗ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتاب- قۇرئان- نى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان كىتاب - قۇرئاننى ئوقۇغىن، يەتكۈزگىن ۋە ئىجرا قىلغىن، بولۇپمۇ ئۇ كىتابتا بۇيرۇلغان بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، بەش ۋاخ ناماز قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، چۈنكى بەش ۋاخ نامازنى لايىق رەۋىشتە ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن مۇئمىننىڭ دىلى يورۇيدۇ، نەپسى پاكلىنىدۇ، ئىمانى كۈچىيىدۇ، كۆڭلى ياخشى ئىشلارغا قىزىقىدۇ ۋە يامان ئىشلاردىن سوۋۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇئمىن قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان بولىدۇ. ئاللاھنى بۇ شەكىلدە زىكىر قىلىش ئەڭ بۈيۈك ئىبادەتتۇر، چۈنكى نامازدا ئۇ مۇئمىن بىر تەرەپتىن ئاللاھقا تىلى، دىلى ۋە پۇت - قول ئەزالىرى بىلەن زىكىر ئېيتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە يېقىندا سىلەرگە ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ نەتىجىسىنى بېرىدۇ؛ ياخشىلىقىڭلارغا مۇكاپات، يامانلىقىڭلارغا جازا بېرىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە، قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، ئىجرا قىلىش ۋە يەتكۈزۈش، بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش توغرىسىدا چۈشۈرۈلگەن ئىلاھىي بۇيرۇق، ئۇممەتى ئىسلامنىڭ ھەربىر ئەزاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر بۇنىڭغا ئوچۇق - ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تُجَادِلُوا أَهْلَ الْكِتَابِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ ۖ وَقُولُوا آمَنَّا بِالَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَأُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمْ وَاحِدٌ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز» — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتاب بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار - ئۇلاردىن زۇلۇم قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا -، مۇنداق دەڭلار: «بىز، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق. بىزنىڭ ئىلاھىمىز ۋە سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر. بىز ئۇنىڭغا تەسلىم بولغۇچىلارمىز». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە مۇنازىرىلىشىڭلار؛ ئۇلارغا ھەقىقەتنى ياخشى مۇئامىلە ۋە سىلىق سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈڭلار. لېكىن ئۇلاردىن تەرسالىقتا ئەزۋەيلەپ سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى قاتتىق قول بۇلۇڭلار؛ ئۇلار مۇسۇلمان بولۇپ سېپىڭلارغا قېتىلغانغا قەدەر ياكى ھاكىمىيىتىڭلارغا تەسلىم بولۇپ «جىزيە»نى بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇشۇڭلار. باشتىكىلەر بىلەن چىرايلىق شەكىلدە مۇنازىرىلىشىشنى مۇنداق دېيىش بىلەن باشلاڭلار: «بىز، بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلار (تەۋرات ۋە ئىنجىل)غا ئىمان كەلتۈردۇق. بىزنىڭ ئىلاھىمىز ۋە سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار - ئاللاھ بىردۇر؛ ئۇنىڭ رۇبۇبىيەت، ئۇلۇھىيەت ۋە ئىسىم - سۈپەتلىرىدە شېرىكى يوقتۇر. بىز ئۇ ئىلاھىمىزغا بويسۇنغۇچى كىشىلەرمىز؛ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلىمىز، توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىمىز، قىلغان نەسىھەتلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سالىمىز». ئەسكەرتىش: تەبلىغنى روشەن دەلىل، سىلىق مۇئامىلە ۋە چىرايلىق سۆز بىلەن قىلىش لازىم، ئادەتتىكى ئەھلى كىتاب بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە توغرا كەلسە، ئۇلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنى فىرئەنگە يۇمشاق سۆز قىلىشقا بۇيرۇغان، ئۇلار فىرئەۋننى ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۇمشاق سۆز بىلەن ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان. لېكىن مۇسۇلمانغا مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش ئېچىش، مۇسۇلماننى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىشىغا ياردەملىشىش جىنايەتلىرىدىن بىرنى قىلغانلارغا يۇمشاقلىق قىلىشقا بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ ۚ فَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَمِنْ هَٰؤُلَاءِ مَنْ يُؤْمِنُ بِهِ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا الْكَافِرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك (يەنى سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە كىتاب نازىل قىلغاندەك) ساڭىمۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) نازىل قىلدۇق. بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) دىن قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلاردىن (يەنى مەككە ئاھالىسىدىن) مۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئەنە شۇ شەكىلدە ساڭا كىتاب- قۇرئان- نى نازىل قىلدۇق، بىز كىتاب بەرگەنلەردىن قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلاردىنمۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىزگە كىتاب نازىل قىلغاندەك، ساڭىمۇ بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق. بىز كىتاب بەرگەنلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. شۇلاردىنمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بار. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كافىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىزگە كىتاب نازىل قىلغاندەك، ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق؛ بۇ قۇرئان بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر، سەن بىزنىڭ ئەلچىمىزسەن. بىز ئىلگىرى بەرگەن كىتابنى لايىق رەۋىشتە ئوقۇغانلار بۇ قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرىدۇ، چۈنكى ئۇلار سېنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنىڭ كىتابىدا بېشارەت بېرىلگەن پەيغەمبەرنىڭ سەن ئىكەنلىكىڭنى ئېنىق بىلىدۇ. بۇ مۇشرىكلاردىنمۇ قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرىدىغانلار بار؛ مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدىن تەرسالىق قىلمايدىغان، تەقلىدچىلىككە پېتىپ كەتمىگەن كىشىلەر قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمۈپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئادەملەرلا ئىنكار قىلىدۇ؛ ئەھلى كىتابنىڭ ۋە مۇشرىكلارنىڭ تەرسا ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمگەنلىرى ئايەتلەرنىڭ ھەق، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ، سەن ئۇلارغا قاراپ مەيۈسلەنمەستىن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كُنْتَ تَتْلُو مِنْ قَبْلِهِ مِنْ كِتَابٍ وَلَا تَخُطُّهُ بِيَمِينِكَ ۖ إِذًا لَارْتَابَ الْمُبْطِلُونَ
ئىلگىرى سەن كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن كىتاب ئوقۇغان، خەت يازىدىغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئىلگىرى سەن كىتابمۇ ئوقۇمايتتىڭ، ئۇنى ئوڭ قولۇڭ بىلەنمۇ يازمايتتىڭ، ئۇنداق بولغان بولسا، ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق كىتاب تىلاۋەت قىلمىغان ۋە ھەرگىزمۇ خەت يازمىغان ئىدىڭ. ئۇنداق بولسا ئىدى، باتىل تەرەپدارلىرى شۈبھىلىنەتتى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق كىتاب ئوقۇمىغان ۋە ھەرگىزمۇ خەت يازمىغان ئىدىڭ؛ سېنىڭ قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى بىرەر كىتاب ئوقۇغىنىڭ ۋە خەت يازغىنىڭ يوق، قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى مەككە ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە يىللارچە (40 يىل) ياشىدىڭ ۋە بۇ يىللار ئىچىدە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلمىدىڭ. بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇم. دېمەككى، قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتۇر، سەن بولساڭ بىزنىڭ ئەلچىمىزدۇرسەن. ناۋادا سەن قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى بىرەر كىتاب ئوقۇغان بولساڭ ياكى خەت يازغان بولساڭ، ساڭا قارشى چىقىۋاتقان بۇ باتىل تەرەپدارلىرى «مۇھەممەد ئىلگىرى ئوقۇغانلىرىنى ئەمدى قۇرئان دەپ ئووقۇۋاتىدۇ، ئىلگىرى يازغانلىرىنى ئەمدى قۇرئان دەپ ئوقۇۋاتىدۇ» دەپ شۈبھىلەنگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلْ هُوَ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ فِي صُدُورِ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا الظَّالِمُونَ
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش زالىملار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، قۇرئان ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداق ئەمەس، قۇرئان ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بەلكى قۇرئان، ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دىللىرىدا ساقلىنىدىغان روشەن ئايەتلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇنداق ئىش يوق، يەنى قۇرئاننىڭ بىز نازىل قىلغان كىتاب ئىكەنلىكىدە ئۇ باتىل تەرەپدارلىرىنى شۈبھىلەندۈرىدىغان بىرەر ئەھۋال يوق. ئەسلىدە قۇرئان روشەن ئايەتلەردىن تەركىب تاپقان، يادلاش ۋە ئېسىدە تۇتۇش ئاسان كىتابتۇر. بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، لېكىن ھەسەت، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ؛ سەن ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيسەن، بۇنى مەككە ئاھالىسىمۇ ۋە ئەھلى كىتابمۇ بىلىدۇ، ئۇلار يەنىلا ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ شۈبھە قىلغانلىقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار قۇرئاننىڭ بىز نازىل قىلغان كىتاب ئىكەنلىكىنى، سېنىڭ بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىۋاتىدۇ؛ ئەھلى كىتابنىڭ ئىمان كەلتۈرمىگەنلىرى ھەسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمان كەلتۈرمىدى، مۇشرىكلار بولسا تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكتە ئەزۋەيلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىمان كەلتۈرمىدى. ئاللاھ تائالا 47 ~ 49 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەيدۇ. 50 ~ 55 - ئايەتلەردە بولسا، مۇشرىكلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بەزى ئېتىرازلىرىغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَاتٌ مِنْ رَبِّهِ ۖ قُلْ إِنَّمَا الْآيَاتُ عِنْدَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى، «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن مۆجىزىلەر چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. مەن پەقەت ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». — ئەنەس ئالىم
قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى ئالدىدا زۇۋانى تۇتۇلغان مۇشرىكلار تەرسالىقتا ئەزۋەيلەپ: «مۇھەممەدكە نېمىشقا رەببىدىن مۆجىزىلەر چۈشۈرۈلمىدى؟ ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەر قىلغان بولسا نېمىشقا ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە بەرگەن مۆجىزىلەرگە ئوخشىغان مۆجىزىلەر بەرمىدى؟ مۇھەممەد پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا، نېمىشقا بىزگە مۇسانىڭ ھاسىسى، سالىھنىڭ تۆگىسىدەك ماددىي مۆجىزىلەر كۆرسەتمەيدۇ؟» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئۇ تەرسالارغا مۇنداق جاۋاب بەرگىن: «مۆجىزىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر؛ ئاللاھ ئۆزى ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزى خالىغان پەيغەمبەرگە ئۆزى خالىغان مۆجىزىنى بېرىدۇ. ئاللاھ ماڭا مۆجىزە سۈپىتىدە قۇرئاننى بەردى ۋە ماڭا سىلەرنى، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇدى. شۇڭلاشقا مەن ماڭا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈش، ئۆگىتىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن؛ مېنىڭ ۋەزىپەم سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى كۆرسىتىش ئەمەس، ئەكسىچە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، ھەقىقەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَلَمْ يَكْفِهِمْ أَنَّا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَرَحْمَةً وَذِكْرَىٰ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
بىزنىڭ ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى ساڭا نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا (مۆجىزە بولۇشقا) كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك ـ شۈبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز ـ نەسىھەت بار — مۇھەممەد سالىھ
بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك ـ شۈبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز ـ نەسىھەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان بۇ كىتابنى ساڭا نازىل قىلىشىمىز، ئۇلارغا كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ ئۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن رەھمەت ۋە ئەسلىتىش بار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب - قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلىشىمىز ئۇ مۇشرىكلارغا مۆجىزە سۈپىتىدە يەتمىدىمۇ؟ سەن بۇ قۇرئاننى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە ئۇلارغا يەتكۈزۈۋاتىسەن، ئۇلارنى بۇ قۇرئانغا ئىشىنىشكە ۋە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىسەن، ئۇلارغا ناۋادا بۇ قۇرئان ھەققىدە بىرەر شۈبھىسى بولسا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىشنى تەكلىپ قىلىۋاتىسەن، ئۇلار سېنىڭ بۇ تەكلىپىڭگە جاۋاب بېرەلمەيۋاتىدۇ. دېمەككى، قۇرئان سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلاشتا قىيامەتكە قەدەر يېتەرلىك مۆجىزىدۇر. ئەنە شۇ قۇرئاندا ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان، دەلىلگە قايىل بولىدىغان ۋە ھەقىقەتنى تاپسا ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە رەھمەت، نەسىھەت، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە پايدىلىق ئىلىم بار، چۈنكى بۇ قۇرئاندا ئۆتمۈشنىڭ قىسسەلىرى بايان قىلىنىپ ياخشى يولدا ماڭغانلارنىڭ نىجات تاپىدىغانلىقى ۋە يامان يولدا ماڭغانلارنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش يولى كۆرسىتىلگەن ۋە ئۇ يولغا دەۋەت قىلىنغان، ئازاب - ئوقۇبەتكە يولۇقۇش يولى تونۇتۇلغان ۋە ئۇ يولغا كىرمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلىنغان، دەۋەتنى قوبۇل قىلغان ۋە نەسىھەتكە قۇلاق سالغانلارغا بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى خۇش خەۋەر قىلىنغان، تەرسالىق ۋە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنىڭ ئازابقا يولۇقىدىغانلىقى سەمىگە سېلىنغان. بۇنداق بىر كىتابنى بارلىق جىن ۋە ئىنسانلار بىر ئارىغا يىغىلىپ ئۆزئارا ياردەملىشىپمۇ مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئەنە شۇ قۇرئاننى، ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان، ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ باقمىغان ۋە بىرەر ئەھلى ئىلىم بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان بىر كىشىنىڭ 40 ياشقا كىرگەندە ئوقۇشى، يەتكۈزۈشى ۋە چۈشەندۈرۈشى، ئۇ كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ شَهِيدًا ۖ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَالَّذِينَ آمَنُوا بِالْبَاطِلِ وَكَفَرُوا بِاللَّهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئېيتقىنكى، «مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، باتىلغا ئىشەنگەن، ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئادەملەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، باتىلغان ئىمان كەلتۈرگەن ۋە كاپىر بولغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھقا كافىر بولغانلار چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغانلارغا ئېيتقىنكى: «مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىغا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر؛ ئاللاھ ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغان قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ، ئاللاھقا ھېچبىر نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، جۈملىدىن ئاللاھ مېنىڭ سىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغانلىقىمنى ۋە سىلەرنىڭ مېنىڭ دەۋىتىمنى رەت قىلغانلىقىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، يېقىندا مېنى ۋە دەۋىتىمنى قوبۇل قىلغانلارنى مۇكاپاتلايدۇ. دەۋىتىمنى رەت قىلىپ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشتا ۋە ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىشتا ئەزۋەيلىگەنلەر بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيانغا ئۇچرايدۇ؛ دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە مەڭگۈ ئازابقا مەھكۇم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ ۚ وَلَوْلَا أَجَلٌ مُسَمًّى لَجَاءَهُمُ الْعَذَابُ وَلَيَأْتِيَنَّهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ) مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە (ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا) كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سەندىن باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن ئەجەل بولمىسا ئىدى، ئازاب ئۇلارغا ئەلۋەتتە كەلگەن بولاتتى. ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنى ئىمان كەلتۈرمىگەن تەقدىردە ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرساڭ، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ: «قېنى ئازاب؟ قاچان كېلىدۇ ئۇ ئازاب؟ سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقى بىلەن بىزنى تەھدىت قىلغان ئازابنى ھازىر كەلتۈرگىن!» دەيدۇ. ئەگەر بىز ھېكمىتىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلارنى ئازابلاش ئۈچۈن مۇئەييەن مۇددەت بەلگىلىمىگەن بولساق، ئۇلارغا تېگىشلىك ئازابنى دەرھال ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئازابلىغان بولاتتۇق. ئۇلارنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى: ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةٌ بِالْكَافِرِينَ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، جەھەننەم (قىيامەت كۈنى) كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەك ـ شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق، ئۇلار سەندىن باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، جەھەننەم كافىرلارنى قورشاپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئازابقا يولۇقۇشتىن قورقىشى لازىم ئىدى، لېكىن ئۇلار سەندىن باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەلىپىدۇر؛ ئۇلارنى تەرسالىق ۋە ئەخمەقلىك ئىلاھىي ئازابقا تېز دۇچار بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. ئۇلار بىلىپ قويسۇنكى، دوزاخ ئۇ كافىرلارنى چوقۇم قورشىۋالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ يَغْشَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ فَوْقِهِمْ وَمِنْ تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ وَيَقُولُ ذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «(دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ) جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىلىرىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان ۋە دوزاخ ئۇلارنى قورشىغان كۈندە، دوزاخنىڭ ئازابى ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىلىرىدىن ئورىۋالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئوتتىن يوتقانلار، ئاستىدا ئوتتىن تۆشەكلەر بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا: «قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار!» دەيدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ سۆزنى قىلىشى ئۇلارغا مەنىۋى ئازاب بولۇپ، ئاللاھ بۇنداق سۆزلەرنى ئۇلار دوزاختا ئازاب چېكىۋاتقاندا ئۇلارغا ئېيتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرى تېخىمۇ زىيادە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 50 ~ 55 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 56 ~ 60 - ئايەتلەردە بولسا، مۇشرىكلارنىڭ بېسىم، زۇلۇم ۋە ئەزىيەتلىرىگە دۇچ كەلگەن مۇئمىنلارنى ھىجرەت قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ، ئۇلارغا تەسەللىي ۋە خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ أَرْضِي وَاسِعَةٌ فَإِيَّايَ فَاعْبُدُونِ
ئى مۆمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر. ئۇنداقتا پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! ياشاۋاتقان يېرىڭلاردا زالىملارنىڭ بېسىم، زۇلۇم ۋە توسقۇنلۇق قىلىشى سەۋەبلىك دىنىڭلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشقا قادىر بولالمىساڭلار، دىنىڭلارنى ساقلاپ قالالايدىغان باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلىڭلار، چۈنكى مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر. ئۇنداقتا، پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار؛ ھاياتىڭلارنى تەۋھىد ئۈستىدە كەچۈرۈشنى ئاساس قىلىڭلار، راھەت ياشاش، مەمۇرچىلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە باياشاتچىلىقتا ئۆمۈر ئۆتكۈزۈشنى ئەمەس، ئەكسىچە ئىمان بىلەن ياشاشنى مەقسەت قىلىڭلار، بۇ دۇنيادىكى ھاياتىڭلارنىڭ ھەر باسقۇچىدا تەۋھىدنى نامايان قىلىڭلار، ھەر ساھەسىدە تەۋھىدتىن ئايرىلماڭلار، ئىبادەتنى ماڭىلا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلسا يۇرت - ماكانلىرىڭلارنى تاشلاپ باشقا جايلارغا كېتىڭلاركى، تەۋھىد بىلەن ياشاڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر جانلىق ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. ئاندىن ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! ھەر جانلىق ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر، جۈملىدىن سىلەرمۇ يېقىندا ئۆلىسىلەر، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىسىلەر ۋە بىزگە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىسىلەر. سىلەرنىڭ ئاخىرەت ھاياتىدىكى مەڭگۈلۈك جايىڭلار قەيەردە ياشىغانلىقڭلارغا ئەمەس، قانداق ھالەتتە ياشىغانلىقىڭلارغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ؛ دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئىمان بىلەن ياشىغان بولساڭلار جايىڭلار جەننەت، بولمىسا جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىمان بىلەن ياشاڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُبَوِّئَنَّهُمْ مِنَ الْجَنَّةِ غُرَفًا تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ نِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى! — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان سارايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى! — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئۇ سارايلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى! — ئەنەس ئالىم
(58-59) بىز، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قىيامەت كۈنى، مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئۇ سارايلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ؛ ئۇلارغا ئۇ سارايلاردا ئۆلۈم ۋە قېرىلىق يەتمەيدۇ، نېمەتلەر تۈگەپ قالمايدۇ، ئۇلار ئۇ سارايلاردىن چىقمايدۇ. ئىمان ئېيتىپ ئەمەل قىلغانلارنىڭ بۇ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى! قىيامەت كۈنى ئەنە شۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار مۇشۇ دۇنيادىكى چېغىدا توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلغان ۋە ئىمانىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئىگىسى - ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ياشىغان كىشىلەردۇر. «ئىمان»، «ياخشى ئەمەل» ۋە «سەۋر» توغرىسىدا 103 - سۈرە (ئەسر)نىڭ، 3 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. «مۇكاپات» توغرىسىدا 22 - سۈرە (ھەج)نىڭ 23 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. «تەۋەككۇل»نىڭ مەنىسى بولسا، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ياكى رۇخسەت قىلغان بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن لازىملىق سەۋەب ۋە ئامىللارنى، كېرەكلىك شەرت - شارائىتلارنى تەخ قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ئۇ ئىشقا قەدەم بېسىش دېمەكتۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىر ئايەتتە، ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە بۇ ۋەدىنى تەقۋادارلارغا قىلىدۇ. باشقا بىرقانچە ئايەتتە بولسا تەقۋادارلارنىڭ ئەقىدىسى توغرا، ئەمەللىرى تۈزۈك، ئەخلاقى گۈزەل ۋە مۇئامىلىسى دۇرۇس بەندىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بۇ ۋەدىسىنى تەكىتلەيدۇ. دېمەككى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، مۇشۇ دۇنيادىكى چاغدا بۇزۇق ئەقىدە ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلانغاندىن سىرت، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىش ئارقىلىق «تەقۋادار بەندە» بولۇش ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە مۇشۇنداق ياشاش شەرتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلىدۇ، (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ مۇئمىنلار سەۋر قىلىدۇ، ھەممە ئىشىدا رەببىغا يۆلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سەۋر قىلغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَكَأَيِّنْ مِنْ دَابَّةٍ لَا تَحْمِلُ رِزْقَهَا اللَّهُ يَرْزُقُهَا وَإِيَّاكُمْ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ (يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
رىزقىنى كۆتۈرۈپ يۈرمەيدىغان نۇرغۇنلىغان جانلىقلار بار. ئۇلارغا ۋە سىلەرگە ئاللاھ رىزىق بەرمەكتىدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! يەر يۈزىدە، قورساقلىرى ئاچقاندا يەپ - ئىچىش ئۈچۈن رىزقىنى كۆتۈرۈپ يۈرمەيدىغان نۇرغۇن جانلىقلار بار. ئۇلار ئۇسسىغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا سۇ، ئۇلار ئاچلىق ھېس قىلغاندا ئاللاھ ئۇلارغا يېمەكلىك بېرىدۇ، ئۇلار بۇ ھالەتتە سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردا ياشايدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ سىلەرگىمۇ رىزىق بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئاچ ۋە ئۇسسۇز قېلىشتىن قورقۇپ ھىجرەتتىن باش تارتماڭلار؛ قورسىقىڭلارنى دەپ كۇفۇرنىڭ زۇلۇملىرى ئاستىدا ياشاشقا رازى بولماڭلار، قورسىقىڭلارنىڭ تۇيۇشىنى ئىمانىڭلارنى ساقلاشتىن ئەلا بىلمەڭلار، توقلۇقنى مۇئمىنلىقتىن ئۈستۈن تۇتماڭلار، شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى: ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنىڭ، جۈملىدىن سىلەرنىڭ رىزقىلارغا كېپىلدۇر. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، نىيەت ۋە پېئىللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ؛ دۇئا - تەلەپلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئىمانىڭلارنى ساقلاش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغانلىقىڭلارنى ۋە نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنداقلا ئېھتىياجىڭلارنى قامدايدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى (رۇبۇبىيىتىنى) ئېتىراپ قىلاتتى، لېكىن ئۇلار ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى (ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇھىيىتىنى) قوبۇل قىلمايتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن ھەقىقەتكە چاقىرسا، ئۇلار كەلسە - كەلمەس ئېتىرازلارنى قىلغان. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (50 ~ 55 - ئايەتلەردە) ئۇلارنىڭ ئېتىرازىغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاندىن 56 ~ 60 - ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرى ئاستىدا قالغان مۇئمىنلارنى ھىجرەت قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن 61 ~ 63 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئېتىقادنى بايان قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) باش تارتىدۇ! — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى، كۈننى ۋە ئاينى كىم بويسۇندۇردى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ باش تارتىدۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلاردىن ئەگەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان، قۇياشنى ۋە ئاينى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ بېرىۋاتقان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئىبادەتنى شۇ ئاللاھقىلا قىلمايدۇ؟! قانداقمۇ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىبادەتكە لايىق بولۇشىدىن ئىبارەت يالغانغا، تۆھمەتكە ۋە بوھتانغا قانداقمۇ ئالدىنىدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اللَّهُ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ بەندىلىرىدىن قايسى ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلماقچى بولىدىكەن) ئۇنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنىڭكىنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ رىزىقىنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۆزى خالىغان بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ، ئۆزى خالىغان بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن كىمنىڭ نېمىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا رىزىقنى ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە تارقىتىدۇ. جۈملىدىن ئاللاھ بۇ مۇشرىكلارغىمۇ رىزىق بېرىۋاتىدۇ، مۇشرىكلار بۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار رىزىقنى ئاللاھنىڭ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ ئىبادەتنى نېمىشقا شۇ ئاللاھقىلا قىلمايدۇ؟ نېمىشقا ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، «(سىلەرگە قارشى پاكىتلار بار بولغانلىقتىن) جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇ سۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى) چۈشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تېرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن «ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر مۇشرىكلاردىن «ئاسماندىن قار ۋە يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۇلىرى بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟ قاغجىراق يەرنى سۇ بىلەن ئۆسۈملۈك ئۈندۈرۈپ جانلاندۇرغان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلغاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!» دېگىن. ئۇلار ئاللاھنىڭ يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەشتە يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇنداق ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ؛ ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىپ زىتلىققا چۈشكەنلىكىنى ئويلىمايدۇ. ئەسكەرتىش: يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بارلىقىنى، كائىناتنى يوقتىن ياراتقانلىقىنى، ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خۇدالىق دەۋاسى قىلغان فىرئەۋنمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلاتتى، لېكىن سەلتەنىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خۇپسەنلىك قىلغان. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن ھالدا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىشقا بۇيرۇغان، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىنىشقا، چوقۇنۇلۇشقا ۋە دۇئا قىلىنىشقا ئاللاھتىن غەيرىينىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرگەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەتلىرىنى ئاڭلىغانلاردىن ھېچكىم «ئاللاھ دېگەن كىم؟ قانداق زات؟ سۈپەتلىرى نېمە؟...» دېگەندەك بىرەر سوئال سورىمىغان، سوراشقا ئېھتىياجمۇ ھېس قىلمىغان، چۈنكى ھەممىسى ئاللاھ تائالانى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. شۇنىڭدەك، نازىل قىلىنغان كىتابلارمۇ ئىنسانلارغا «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. مەسىلەن: مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋراتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى تەۋھىدكە بۇيرۇش ۋە شېرىكتىن چەكلەشتە خۇلاسىلىنىدۇ. دېمەككى، ئىلاھىي كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكاملار، نەسىھەتلەر ۋە تەۋسىيەلەر ئىنسانلارنى ئۆزلىرى يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە رىزىق بېرىشتە يەككە - يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ئاللاھقا چوقۇنۇش لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا هَٰذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا لَهْوٌ وَلَعِبٌ ۚ وَإِنَّ الدَّارَ الْآخِرَةَ لَهِيَ الْحَيَوَانُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ـ كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھايات (يۇرتىدۇر)، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى (بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنيادىن ئارتۇق كۆرمەيتتى) — مۇھەممەد سالىھ
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ـ كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىيقى ھايات يۇرتىدۇر، كاشكى ئۇلار بىلگەن بولسىكەن — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر ۋە ئويۇندۇر. ئاخىرەت يۇرتىدىكى ھايات بولسا ھەقىقىي ھاياتتۇر. ئۇلار بىلگەن بولسىچۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ دۇنيا ھاياتى ئۈچۈن ياشاش بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ۋە ئويۇن ئويناش بولۇپ، ئۇنىڭ زوقى، كەيپى ۋە ھۇزۇرى قىسقا مۇددەتتە ئاخىرلىشىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ھەسرەت - نادامىتى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئاخىرەت يۇرتىدىكى ھايات ئەبەدىي بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بەختمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بەختسىزلىكمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. مۇشرىكلار بۇ ھەقىقەتنى بىلگەن بولسا ھەرگىزمۇ بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا كەيپ سۈرۈشنى ئەلا بىلمىگەن بولاتتى، ئەكسىچە ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتتا مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا يولنى قوبۇل قىلغان بولاتتى. ئەسكەرتىش: ئىنسانغا بۇ دۇنيادا بېرىلگەن ياشاش مۇددىتى (ئۆمرى) يامانلار ئۈچۈن ئويناش ۋە بىھۇدە مەشغۇلات، ياخشىلار ئۈچۈن ئەمەل قىلىش ۋە پايدىلىق ئىش - پائالىيەتلەر پۇرسىتىدۇر. مەسىلە ناھايىتى ئاشكارىدۇر. ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتسە ئەلۋەتتە ئاخىرەتتىكى ئەبەدى ھاياتىدا راھەت كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ؟. ئاللاھ تائالا 61 ~ 64 - ئايەتلەرە مۇشرىكلارنىڭ رۇبۇبىيەتتە ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى، لېكىن دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ ئۇلۇھىيەتتە ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 65 ~ 68 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ زىت ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ
ئۇلار بەرگەن نېمىتىمىز (يەنى دېڭىزدىن ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا ـ قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، توساتتىن (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار كېمىگە چىقىپ غەرق بولۇشتىن قورققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار كېمىگە چىققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال شېرىك كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار ئازادىچىلىكتە ۋە خاتىرجەم چاغلىرىدا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش، بىھۇدە مەشغۇلات ۋە ئويۇن ئويناشتەك ئىشلانى قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئەمما ئۇلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان، ئېغىرچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋە پالاكەتكە يولۇققان چاغلىرىدا، مەسىلەن: دېڭىزدا كېمە - پاراخوتلاردا كېتىۋاتقان چاغلىرىدا بوران چىقىپ دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قورقسا، ساقلىشى ۋە قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھقىلا دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ يېلىنىپ - يالۋۇرىدۇ، ئۇ چاغدا ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرى يادىغىمۇ كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئۇنداق خەتەرلەردىن ساقلاشقا ۋە قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ شېرىك كەلتۈرىدۇ، بىھۇدە ئىشلار ۋە ئويۇنلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. مۇشرىكلار ئەنە شۇنداق زىتلىق ئىچىدە ياشايدۇ؛ قىيىنچىلىقتا مۇۋەھھىد، ئازادىچىلىكتە مۇشرىك. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ زىت ئەھۋالىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سېلىپ ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ وَلِيَتَمَتَّعُوا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
قۇتۇلدۇرغانلىقىمىزغا ناشۈكۈرلۈك قىلىپ باقسۇن، قالغان ئۆمۈرلىرىدىن) بەھرىمەن بولسۇن، بۇلار (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن نېمىتىمىزگە كۆز يۇمۇپ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، يېقىن كەلگۈسىدە بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىپ تۇرسۇن، بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن. پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار ئازادىچىلىكتتىكى چاغلىرىدا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىپ تۇرسۇن، مۇشۇ دۇنيادا ئۇ نېمەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن. ئۇلار پات يېقىندا - ئۆلۈمى ئەسناسىدا، ئۆلگىنىدىن كېيىن ۋە قىيامەت كۈنى تۇزكورلۇقنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇشرىكلارنى تۇزكورلۇق قىلىشقا ۋە نېمەتلەردىن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشقا بۇيرۇش بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى قورقۇتىدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: مۇشرىكلار ئازادىچىلىك ۋە خاتىرجەملىكتە بولغان چېغىدا شېرىك كەلتۈرىدۇ، بېشىغا كۈن چۈشكەندە تەۋھىدكە قايتىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ ھەر دائىم تەۋھىد ئۈستىدە تۇرۇش لازىملىقى توغرىسىدىكى نەسىھەتىنى قوبۇل قىلمايدۇ، شېرىكتىن توسۇشىغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ پالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىمىزغا، ياشاش ئىمكانى بېرىشىمىزگە ۋە باشقا نېمەتلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلىدۇ. ئۇلار تۇزكورلۇق قىلىپ تۇرسۇن، نېمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالى ئۇزۇن سۈرمەيدۇ، ئۇلار يېقىندا كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئەيىبلەش، سىلكىشلەش ۋە قورقۇتۇش ئۈچۈن بۇ خىل بۇيرۇق پېئىللىرى كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا جَعَلْنَا حَرَمًا آمِنًا وَيُتَخَطَّفُ النَّاسُ مِنْ حَوْلِهِمْ ۚ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَةِ اللَّهِ يَكْفُرُونَ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان (جاي) قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان جاي قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىزنىڭ مەككىنى ھۆرمەتلىك ۋە ئامان شەھەر قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىنسانلار تۇتۇلۇپ ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
قۇرۇقلۇققا چىقىپلا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن، بىزنىڭ دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇپ قويۇش نېمىتىمىزگە توزكورلۇق قىلغان بۇ مۇشرىكلار بىزنىڭ مەككىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن باشقىلار ھۆرمەت قىلىپ چېقىلمايدىغان شەھەر قىلىپ بەرگەنلىكىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار مەككىدە جان، مال ۋە ئائىلىسىگە باشقىلارنىڭ بىرەر زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقماي خاتىرجەم ياشايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشايدىغان ئىنسانلارغا باشقىلار ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ ۋە ئەسىرگە ئېلىنىۋاتىدۇ، مال - مۈلۈكلىرى تالان - تاراچ قىلىنىۋاتىدۇ، ئائىلە تەۋە ۋە بالا - چاقىلىرى تۇتۇپ كېتىلىۋاتىدۇ. مەككىلىكلەر بولسا، بۇ نېمىتىمىزنىڭ سايىسىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق يەنىلا بۇتلارغا چوقۇنامدۇ؟ ئازادىلچىلىكتە بۇتلارنىڭ پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ئۇلارغا دۇئا قىلامدۇ؟ ئاللاھنىڭ مەزكۇر نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن ساقلىغاندەك، ئۇلارنى مەككىدە باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاۋاتىدۇغۇ؟! ئۇلار دېڭىزدا ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن دولقۇنلارنىڭ غەرق قىلىۋېتىشىدىن قۇتۇلۇپ قالغاندەك، مەككىدىمۇ ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، ئەمەسمۇ! ئۇلار نېمىشقا بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ ھەر دائىم تەۋھىد ئۈستىدە تۇرمايدۇ؟! دەرۋەقە ئاللاھ تائالا مەككىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن ھۆرمەتلىك ۋە ئامان شەھەر قىلغان. ئەتراپتىكى جايلاردا ياشايدىغان ئىنسانلار مەككىگە ۋە مەككە ئاھالىسىگە ھۆرمەت قىلاتتى؛ مەككىگە ھۇجۇم قىلمايتتى، مەككىلىككە چېقىلمايتتى، ھەتتا مەككىلىك مەككىنىڭ سىرتىدىمۇ ئېتىبار كۆرەتتى. ئاللاھ تائالا بىر سۈرىدە ئۇلارغا بۇ ئېتىبارنىڭ مەنبەسىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى تەۋھىدكە بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْكَافِرِينَ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟ (ئەلۋەتتە بار) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ھەق كەلگەندە ئۇنى يالغانغا چىقارغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا جاي يوقمىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە كەلگەن ھەقنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جەھەننەمدە كافىرلارغا ئورۇن يوقمۇ! — ئەنەس ئالىم
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، قەبىھ ئىشلارنى قىلىش ۋە بۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىقىنى دەۋا قىلىش، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جاۋاب: يوق. ئۇنداق كافىرلارغا دوزاختا مەڭگۈلۈك جاي يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار؛ ئاللاھ ئۇ زالىملارنى دۇنيادا ھىدايەتكە، ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى دۇنيادا ئازغۇنلۇقلىرىدا تاشلىۋېتىدۇ ، قىيامەت كۈنى مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا 65 ~ 68 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ . 69 - ئايەتتە مۇئمىنلارنى مەدھىيەلەيدۇ ، ئۇلارغا تەسەللىي ۋە بېشارەت بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ
بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىزنىڭ يولىمىزدا كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنىڭ يولىمىزدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. ئەمما ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىق ۋە پىداكارلىقنى قىلغان، بىزنىڭ رازىلىقىمىزنى كۆزلەپ جان ۋە مېلى بىلەن كۈرەش قىلغان كىشىلەرگە كەلسەك، بىز ئۇلارنى ياخشى يوللارغا مۇيەسسەر قىلىمىز، ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغان بەندىلىرى بىلەن بىللىدۇر؛ ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە زەپەرگە ئېرىشتۈرىدۇ، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ياخشى ئاقىۋەت بولغان جەننەتنى نېسىپ قىلىدۇ. دېمەككى، «كىم جىھاد قىلسا پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى