رەئد سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 43 ئايەت
مەنىسى: چاقماق. ئاتىلىش سەۋەبى: چاقماق قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان(13-ئايەت)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ المر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ ۗ وَالَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ الْحَقُّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئايەتلىرىدۇر. (قۇرئاندا) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلىف، لام، مىم، را. بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىدۇر. قۇرئاندا ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان نەرسىلەر ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلىف، لام، مىم، را. بۇلار كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. ئى مۇھەممەد! ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ھەقتۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەلىف، لام، مىم، را. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار!). ئى مۇھەممەد! بۇ ئايەتلەر بىز ساڭا نازىل قىلغان ھەق كىتاب قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ كىتابقا ئىشەنمەسلىكى بۇ كىتابتا بىرەر چاتاق بارلىقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقى، تەرسالىقى ۋە تەنقىدچىلىكى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ئىشەنمەسلىكنى تاللىغانلىقى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى پانى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بويسۇندۇردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەير قىلىدۇ، ئاللاھ مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى رەببىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن كۆتۈردى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى، قۇياشنى ۋە ئاينى بۇيرۇقىغا بويسۇندۇردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلايدۇ، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بۇلارنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغانلىقىڭلارغا جەزمەن ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرىدىغان تۈۋرۈكلەرسىز (يەنى سىلەر كۆرمەيدىغان كۈچلەر بىلەن) كۆتۈرگەن، ئاندىن ئەرشكە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە يۈكسەلگەن، قۇياشنى ۋە ئاينى يارىتىپ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇلار (قۇياش بىلەن ئاي)نىڭ ھەربىرى ئاللاھ جايلاشتۇرغان يولىدا، ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان تەرتىپ بىلەن، ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇددەت توشقۇچە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە پۈتكۈل كائىناتتىكى ئىشلارنى ئۆز ھېكمىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە پىلانلايدۇ ۋە ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئىجرا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ، رەببىڭلار بولغان ئاللاھنڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىشىڭلارغا جەزمەن ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَهُوَ الَّذِي مَدَّ الْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْهَارًا ۖ وَمِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ ۖ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
    ئاللاھ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ يەر يۈزىنى سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى. بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سوزدى[1]، زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ۋە دەريالارنى بار قىلدى، زېمىندا پۈتۈن مېۋە ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى جۈپ ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ زېمىننى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كەڭ، يايپاڭ ۋە ئايلىنىشقا (مېڭىپ خالىغان يېرىگە بېرىشقا) ئەپلىك قىلغان، زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ۋە تاتلىق سۇ ئېقىنلىرىنى بار قىلغان، ئۇ سۇ بىلەن زېمىندا پۈتۈن مېۋىلەرنى تاتلىق، چۈچۈمەل، ئاق، قارا،... دېگەندەك (ياكى ئەركەك - چىشى قىلىپ) جۈپ ياراتقان زاتتۇر. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى چەكسىز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. وَفِي الْأَرْضِ قِطَعٌ مُتَجَاوِرَاتٌ وَجَنَّاتٌ مِنْ أَعْنَابٍ وَزَرْعٌ وَنَخِيلٌ صِنْوَانٌ وَغَيْرُ صِنْوَانٍ يُسْقَىٰ بِمَاءٍ وَاحِدٍ وَنُفَضِّلُ بَعْضَهَا عَلَىٰ بَعْضٍ فِي الْأُكُلِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
    يەر يۈزىدە بىر - بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان (بىر ئۇرۇقتىن بىر قانچە تال ئۈنۈپ چىققان، بىر ئۇرۇقتىن پەقەت بىر تال ئۈنۈپ چىققان) خورما دەرەخلىرى بار، (ئۇلارنىڭ ھەممىسى) بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    يەر يۈزىدە بىر - بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار، كۆپ شاخلىق بولغان ۋە كۆپ شاخلىق بولمىغان خورما دەرەخلىرى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئارتۇق قىلىمىز، بۇلاردا چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىندا بىر - بىرىگە قوشنا ھەر خىل يەر پارچىلىرى[2]، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، ئېكىنلەر، بىر ئۇرۇقتىن ئوخشاش بىرقانچە تال ئۈنۈپ چىققان ۋە بىر ئۇرۇقتىن پەقەتلا بىر تال ئۈنۈپ چىققان خورما دەرەخلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز مەھسۇلاتنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئۈستۈن قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئەقىللىرىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    زېمىندا بىر - بىرىگە يېقىن، لېكىن مۇنبەت، شورلۇق، ئاچچىق، تاتلىق، يۇمشاق، قاتتىق، تۈز ۋە ئېگىز - پەس دېگەندەك ھەر خىل يەرلەر بار. ھەتتا يەرلەرنىڭ رەڭگىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قۇياشنىڭ نۇرى ئوخشاش چۈشىدۇ. يامغۇرمۇ ئوخشاش ياغىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۈزۈملۈك باغلار، ئېكىنلەر، بىر ئۇرۇقتىن بىر تال ئۈنۈپ پۇتاقلارغا ئايرىلغان ۋە بىر ئۇرۇقتىن بىر تال ئۈنۈپ چىققان پېتى ئۆسكەن خورما دەرەخلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەملىك قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئەقىللىرىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن چوقۇنۇشقا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بار. ئەسكەرتىش: تەپسىرلەردە ئىككىنچى ئايەتنىڭ، «ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرىدىغان تۈۋرۈكلەرسىز كۆتۈرگەن» دېگەن مەنىدىكى «رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا» قىسمىنى «ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكلەرسىز كۆتۈرگەن، ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكلەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىسىلەر»، «ئاللاھ سىلەر كۆرۈۋاتقان ئاسمانلارنى تۈرۈكلەرسىز كۆتۈرگەن» دېگەن شەكىللەردە تەرجىمە قىلغانلارنىڭمۇ بولغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. لېكىن بۇ شەكىللەردىكى تەرجىمە ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىغا خىلاپتۇر، چۈنكى ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىدا ئېنىقسىز ئىسىمدىن كېيىن كەلگەن جۈملە شۇ ئىسىمنىڭ سۈپىتى بولىدۇ دەپ قەيت قىلىنغان، قورال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ يەردىكى «سىلەر كۆرىدىغان - ترونها» جۈملىسىنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا كەلگەن ئېنىقسىز ئىسىم «تۈۋرۈكلەر - عمد»نىڭ سۈپىتى بولۇشتىن چىقىرىپ، ئۇنى بۇ ئېنىقسىز ئىسىمنىڭ ئالدىدىكى ئېنىق ئىسىم بولغان «ئاسمانلار - السماوات»نىڭ ھالەت جۈملىسى قىلىش ياكى ئۇنىڭ ئەسلى ئورنى «ئاسمانلار - السماوات»تىن ئىلگىرىدۇر دەپ دەۋا قىلىش يولسىزلىقتۇر. شۇنىڭدەك، مەزكۇر تەرجىمىلەر ئەمەلىيەتكىمۇ زىتتۇر، چۈنكى (مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە) ئاسمانلار، ئاسمان جىسىملىرى ۋە زېمىننىڭ ئارىلىرىدا تۆت تۈرلۈك كۈچ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ سۈرئىتى ئەنە شۇ كۈچلەر بىلەن ساقلانماقتا. ئۇ تۆت تۈرلۈك كۈچ تۆۋەندىكىچە: 1) كۈچلۈك يادرو كۈچى (كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر كۈچى)، 2) ئاجىز يادرو كۈچى (ئاجىز ئۆزئارا تەسىر كۈچى)، 3) ئېلېكتر ماگنىت كۈچى (ئەڭ كىچىك ئاتوم يادروسىغىچە بولغان ئارلىققا قەدەر زەرەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى فوتون ‹نۇر زەرىچىسى› ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈچ)، 4) تارتىشىش كۈچى (ئاسمانلار ۋە ئاسمان جىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى تېپىشىش، ئىتتىرىشىش ۋە تارتىشىش كۈچى). ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ئەنە شۇ تۆت تۈرلۈك «تۈۋرۈكلەر» بىلەن كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇ تۈۋرۈكلەر كۆز بىلەن كۆرۈلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 4 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىم مۆجىزىلىك كىتاب تۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ تولىسى تەپەككۇر قىلمىغانلىقى ۋە ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى، ھېكمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. 5 ~ 7 - ئايەتلەردە بولسا مەزكۇر كۆپچىلىكنىڭ ئۇ دەلىللەرگە پەرۋا قىلماستىن ئۆزلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە) قىيامەت كۈنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھىي جازانى سەل چاغلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. وَإِنْ تَعْجَبْ فَعَجَبٌ قَوْلُهُمْ أَإِذَا كُنَّا تُرَابًا أَإِنَّا لَفِي خَلْقٍ جَدِيدٍ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ الْأَغْلَالُ فِي أَعْنَاقِهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر (بىرەر نەرسىدىن) ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ): «بىز (ئۆلۈپ) توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، (قىيامەت كۈنى) ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئەگەر ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ: «بىز ئۆلۈپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلەمدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنىشكە لايىقتۇر. ئەنە شۇلار رەببىنى ئىنكار قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئەجەبلەنسەڭ، ئۇلارنىڭ: «بىز ئۆلۈپ تۇپراق بولۇپ كەتكەندىن كېين يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دېگەن سۆزى ئەجەبلىنەرلىكتۇر[3]. ئەنە شۇلار رەببىگە كافىر بولغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك كۆپ ئىشلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك ئىشى، ئۇلارنىڭ شۇنچە دەلىللەرگە قارىماستىن قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشى ۋە ئېھتىمالدىن يىراق سانىشىدۇر. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنىڭ بىرەر ئىشىدىن ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھ بىزنى يېڭىدىن يارىتامدۇ؟» دېگەن سۆزىدىن ئەجەبلەنگىن، چۈنكى ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنى، كائىناتنى ۋە كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ يوقتىن ياراتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ئاسان ياكى تەس دەيدىغان ئىش يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئېيتقاندا بىرەر نەرسە يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشتا ئۇنى يوقتىن يارىتىشتىن ئاساندۇر. ئى ئىنسانلار! سىلەرنى يوقتىن يارىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئاللاھ، سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن قايتا ئەسلىڭلارغا كەلتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرەلمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە قىلمىشلىرىدىن ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ: «ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھ بىزنى يېڭىدىن يارىتامدۇ؟» دېگەن مۇشرىكلار ئەسلىدە رەببىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىش ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدۇ ۋە دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالسَّيِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ وَقَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمُ الْمَثُلَاتُ ۗ وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ لِلنَّاسِ عَلَىٰ ظُلْمِهِمْ ۖ وَإِنَّ رَبَّكَ لَشَدِيدُ الْعِقَابِ
    ئۇلار سەندىن (ئاللاھنىڭ) ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ (گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى) شەك - شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ ئېھسانىدىن ئىلگىرى ئازابنىڭ چاپسانراق چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغان ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ئىنسانلار زۇلۇم قىلسىمۇ، رەببىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. رەببىڭ گۇناھلارغا چۆمۈپ تەۋبە قىلمىغانلارنى شەك شۈبھىسىز قاتتىق جازالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇلار سەندىن ياخشىلىقتىن ئىلگىرى يامانلىقنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئىبرەت ئېلىنىدىغان نۇرغۇن جازالار ئۆتتى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئىنسانلارنى زۇلۇم قىلىشلىرىغا قارىماي مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[4]. شۈبھىسزكى، رەببىڭنىڭ جازالىشى قاتتىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇلار سەندىن ھەقنى ئۆگىنىشنى، شۇنداقلا ئازابتىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان قەۋملەر ئىبرەتلىك جازالار بىلەن جازالاندۇرۇلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئۇ جازالاردىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئوخشاش بىرەر جازاغا دۇچار قىلىنماسلىق ئۈچۈن ھەقنى قوبۇل قىلىشى لازىم ئىدى، چۈنكى بۇلار شام ۋە يەمەنگە قىلغان سەپەرلىرى ئەسناسىدا ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرىنى كۆرىدۇ. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ ئاللاھ، ئىنسانلار گۇناھ قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنى دەرھال جازالىمايدۇ، ئۇلارغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، لېكىن كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى قاتتىق جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۗ إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرٌ ۖ وَلِكُلِّ قَوْمٍ هَادٍ
    كۇففارلار، نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش) — مۇھەممەد سالىھ

    كۇففارلار «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟» دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ھەر قەۋمنىڭ يېتەكچىسى بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ كۈچلۈك مۆجىزە بولغان قۇرئاننىمۇ ئىنكار قىلىپ: «مۇھەممەدكە نېمىشقا رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈپ بېرىلمىدى؟» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن مۆجىزە مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭ. ھەر قەۋمنىڭ بىر پەيغەمبىرى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مۆجىزىسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. سېنىڭ مۆجىزەڭ بولسا قۇرئاندۇر. ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمىنىڭ، جۈملىدىن سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ مۆجىزە تاللاش ھوقۇقى يوق، ئەكسىچە كەلتۈرۈلگەن مۆجىزىنىڭ «ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار!» دېگەن جەڭ ئېلانىغا جاۋاب بېرىپ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش، كەلتۈرەلمىسە بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بار. ئەسكەرتىش: 7 - ئايەتنىڭ «ھەر قەۋمنىڭ بىر يېتەكچىسى بار» دېگەن مەنىدىكى قىسمىدا ئۆتكەن «يېتەكچى - هاد» ھەر قەۋمنىڭ پەيغەمبىرى بار، ھەر قەۋمگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە «پەيغەمبەر» ئوچۇق زىكىر قىلىنغان. ئاللاھ تائالا 5 ~ 7 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ دەلىللەرگە پەرۋا قىلماستىن قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ۋە ئىلاھىي جازانى سەل چاغلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 8 ~ 11 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئەسلىتىپ دىققەت قىلىشلىرى لازىملىقىنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سالىدۇ، ئۆزىنىڭ دۇنيادا قەۋملەرگە ئىجرا قىلىدىغان قانۇنىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (13-سۈرە رەئد، 8-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى
    اللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَحْمِلُ كُلُّ أُنْثَىٰ وَمَا تَغِيضُ الْأَرْحَامُ وَمَا تَزْدَادُ ۖ وَكُلُّ شَيْءٍ عِنْدَهُ بِمِقْدَارٍ
    ھەر بىر (ھامىلىدار) ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ (يەنى ئوغۇلمۇ ـ قىزمۇ، بىرمۇ ـ كۆپمۇ، چوڭمۇ ـ كىچىكمۇ، چىرايلىقمۇ ـ سەتمۇ، بەختلىكمۇ ـ بەختسىزمۇ، ئۆمرى ئۇزۇنمۇ ـ قىسقىمۇ ـ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ). بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ (يەنى بالىنىڭ مۇددىتى توشماي تۇغۇلىدىغانلىقىنى ياكى مۇددىتى ئېشىپ كېتىپ تۇغۇلىدىغانلىقىنى) (ئاللاھ) بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكىنى ۋە بەچچىدانلارنىڭ كىچىكلەپ كەتكەنلىكى ياكى يوغىناپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ھەر ھامىلىدار چىشىنىڭ قورسىقىدىكىنى ۋە بالىياتقۇلارنىڭ نېمىنى كېمەيتىپ نېمىنى ئارتتۇرغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھەر نەرسە ئۆلچەم بىلەندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ھەر ھامىلىدار بولغان چىشى جانلىقنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىسىنى (ئەركەك، چىشى، چىرايلىق، سەت، ئۇزۇن، قىسقا، بەختلىك، بەختسىز،... دېگەن ھالەتلەردىن قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكى، قايسى ھالەتتە بولىدىغانلىقى ۋە دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن قانداق ھالەتلەردە بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى)، بالىياتقۇلاردىن تۆرەلمىنىڭ ۋاقتىدىن بۇرۇن چۈشۈپ كېتىش بىلەن ياكى ئۇنىڭ يېتىلىپ ۋاقتىدا تۇغۇلۇش بىلەن كېمىيىۋاتقان ۋە بالىياتقۇلاردا پەيدا بولۇپ ئۆسۈۋاتقان نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھەر نەرسىنىڭ مۇئەييەن بىر ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇ نەرسە ئۇ ئۆلچەمدىن كەم - زىيادە، ئىلگىرى - كېيىن ۋە چوڭ - كىچىك... بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (13-سۈرە رەئد، 9-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى
    عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْكَبِيرُ الْمُتَعَالِ
    ئاللاھ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ مەخپىي ۋە ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن بۈيۈكتۇر، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلار ئۈچۈن غەيىب ۋە ئاشكارا ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەر، ئەھۋاللار ۋە ئىشلار ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشلا ئاشكارىدۇر، ئاللاھ ھەر ئىككىسىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (13-سۈرە رەئد، 10-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى
    سَوَاءٌ مِنْكُمْ مَنْ أَسَرَّ الْقَوْلَ وَمَنْ جَهَرَ بِهِ وَمَنْ هُوَ مُسْتَخْفٍ بِاللَّيْلِ وَسَارِبٌ بِالنَّهَارِ
    سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى (ئاللاھ ئۈچۈن ئېيتقاندا) ئوخشاشتۇر (يەنى ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يوشۇرۇن سۆز قىلغان، ئاشكارا سۆز قىلغان، كېچىسى يوشۇرۇنغان، كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەردىن سۆزىنى يوشۇرۇن ئېيتقان كىشى، سۆزىنى ئاشكارا ئېيتقان كىشى، كېچىسى يوشۇرۇنغان كىشى ۋە كۈندۈزى ئاشكارا يۈرگەن كىشى ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    سۆزنى پەس ئاۋازدا (پىچىرلاپ) ئېيتقان كىشى بىلەن ئۈنلۈك ئېيتقان كىشى، كېچىسى قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان كىشى بىلەن كۈندۈزى يورۇقلۇقتا ئاشكارا بولغان كىشى ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. لَهُ مُعَقِّبَاتٌ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ يَحْفَظُونَهُ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ ۗ وَإِذَا أَرَادَ اللَّهُ بِقَوْمٍ سُوءًا فَلَا مَرَدَّ لَهُ ۚ وَمَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَالٍ
    ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كىشىنىڭ ئالدى - كەينىدە نۆۋەتلىشىپ تۇرغۇچىلار بار. ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ساقلايدۇ[5]. ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ بىرەر قەۋمگە يامانلىق ئىرادە قىلسا ئۇنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر قوغدىغۇچىسى يوقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەر كىشىنىڭ ئەتراپىدا، ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بار. ئاللاھ ئۆزى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەر كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ رەھمەتكە لايىق بولغانلارغا رەھمەت ئاتا قىلىدۇ، جازاغا تېگىشلىك بولغانلارغا جازا بېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ نىيەت ۋە ئەمەللىرىنى ئۆزگەرتمىگەن ھېچبىر قەۋم (مىللەت)نىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ ئۆزىنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىنى شۈكۈر ۋە ئىتائەتكە ئۆزگەرتكەن قەۋمنىڭ قىيىنچىلىق ۋە خارلىقىنى باياشاتلىق ۋە ئىززەتكە ئۆزگەرتىپ قويىدۇ. شۈكۈر ۋە ئىتائەتىنى كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىققا ئۆزگەرتكەن قەۋمنىڭ باياشاتلىق ۋە ئىززىتىنى قىيىنچىلىق ۋە خارلىققا ئۆزگەرتىپ قويىدۇ. ئاللاھ، ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلىقتىن يامانلىققا ئۆزگەرتىپ جازاغا تېگىشلىك بولغان قەۋمگە يامانلىق قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ قەۋم ئۇ يامانلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغان بىرەر ھىمايىچىمۇ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا 11 - ئايەتتە بىرەر قەۋمگە يامانلىق ئىرادە قىلسا، ئۇ قەۋمنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 12 - ۋە 13 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆز قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا يامانلىقتا ئەزۋەيلەۋاتقانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. هُوَ الَّذِي يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنْشِئُ السَّحَابَ الثِّقَالَ
    ئاللاھ (چاقماقتىن) قورقىتىش، (يامغۇرغا) ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ، (قۇدرىتى بىلەن) قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ قورقۇتۇش ۋە ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ۋە قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى سىلەرگە، قورقۇشىڭلار ۋە ئۈمىدلىنىشىڭلار ئۈچۈن چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ۋە يامغۇر يۈكلەنگەن ئېغىر بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    كائىناتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەر نەرسە ۋە يۈز بېرىۋاتقان ھەر ھادىسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدۇ. جۈملىدىن ھاۋادا چاقماقلارنىڭ چېقىشى، يامغۇر كۆتۈرۈپ كەلگەن بۇلۇتلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە چاقماقنى ئەۋەتىدۇ - دە، بەزىڭلار ئۇنىڭ مەنزىرىسىدىن ۋە ئوشۇقچە يامغۇر يېغىپ زىيانغا ئۇچراشتىن قورقىسىلەر، بەزىڭلار ئېھتىياجلىق چېغىڭلاردا يامغۇر يېغىپ سۇغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىسىلەر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ بەزىڭلارغا قورقۇنچ سالىدىغان، بەزىڭلارغا ئۈمىد بېرىدىغان (سۇ يۈكلىنىپ) ئېغىرلاشقان بۇلۇتلارنى ئەۋەتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَيُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِهِ وَالْمَلَائِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِ وَيُرْسِلُ الصَّوَاعِقَ فَيُصِيبُ بِهَا مَنْ يَشَاءُ وَهُمْ يُجَادِلُونَ فِي اللَّهِ وَهُوَ شَدِيدُ الْمِحَالِ
    گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيەلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھ چاقماق چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    گۈلدۈرماما ئاللاھ نى مەدھىيىلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھ چاقماقلارنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    گۈلدۈرماما ئاللاھقا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ چاقماقلار ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىگە مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ. ئۇ كافىرلار بولسا ئاللاھ توغرىسىدا تالاش -تارتىش قىلىشىدۇ. ئاللاھنىڭ تەدبىرى كۈچلۈكتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    گۈلدۈرمامىلار ئاللاھقا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ گۈلدۈرلىشى ئاللاھقا بويسۇنۇۋاتقانلىقىنى، ھەمدۇسانا ۋە تەسبىھ ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدۇ. پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىپ، ئۇلۇغلۇقىدىن ھېيىقىپ ۋە غەزىپىدىن قورقۇپ، ئاللاھنىڭ پاكلىقىنى تىللىرىغا جارى قىلىپ تۇرماقتىدۇر. ئاللاھ گۈلدۈرمامىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىگە مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ. بۇ ئىلاھىي جازاغا يولۇققانلار مۇسىبەت كەلگەن ئەسنادا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكى، چوقۇنۇشقا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىۋاتقان كىشىلەردۇر. ئاللاھ قۇدرىتى ئۇلۇغ، جازالىشى قاتتىق ۋە پىلانى پۇختا زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (13-سۈرە رەئد، 14-ئايەت) كاپىرلىق ھەق دۇئا
    لَهُ دَعْوَةُ الْحَقِّ ۖ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُمْ بِشَيْءٍ إِلَّا كَبَاسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى الْمَاءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَالِغِهِ ۚ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
    ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا ئاللاھقا قارىتىلىدۇ، (يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ). كۇففارلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار (يەنى كاپىرلار) شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، (ئەمەلىيەتتە سۇ ئاڭلىمايدىغان، ھېس ـ تۇيغۇسىز نەرسە بولغاچقا) سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا ئاللاھقا قارىتىلىدۇ. كۇففارلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ - نېرىدىن- ئىككى ئالقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ دۇئاسى ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەقىقىي دۇئا پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنغان دۇئادۇر[6]. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرى ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھاجىتىنى راۋا قىلالمايدۇ[7]. ئۇلار سۇ ئاغزىمغا كەلسۇن دەپ ئىككى قولىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرغان كىشىگىلا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، سۇ بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاغزىغا ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ. كافىرلارنىڭ دۇئاسىمۇ ئەنە شۇنداقتۇر، ھېچبىر نەتىجىسى يوقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئا توغرا دۇئا بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل ۋە ئىجابەت قىلىنىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بىرەر ئارزۇغا يېتىش ياكى بىرەر قورقۇنچتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھاجىتىنى راۋا قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز مەبۇدلىرىغا دۇئا قىلىۋاتقان چاغدىكى ئەھۋالى، ئالدىدا تۇرغان سۇنى ئېغىزىمغا كەلسۇن دەپ سۇغا ئىككى ئالىقىنىنى ئېچىپ تۇرغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغىلا ئوخشايدۇ. سۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئېغىزىغا بۇ شەكىلدە ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ. ئۇ كافىرلار (مۇشرىكلار)نىڭ ئاللاھنى قويۇپ باشقىلارغا قىلغان دۇئالىرىمۇ ئەنە شۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاشلا نەتىجىسىزدۇر. ئەسكەرتىش: بۇ يەردە «مەبۇدلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە كۆپلۈك نىسپىي ئالماش بولغان «ئەللەزىنە» بولۇپ، مەنىسى «كىشىلەر، زاتلار» دېگەن بولىدۇ. دېمەك، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ مەدەت تىلەيدىغان مەبۇدلىرى، ئۇلارنىڭ خىيالىي ئۇلۇغ زاتلىرى ۋە مەدەت قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئەۋلىيالىرىنىڭ روھلىرىدۇر. بۇنى نىسپىي ئالماشنىڭ ئۇلانما جۈملىسى بولغان «لايەستەجىيبۇنە»نىڭ مۇزەككەر كۆپلۈك شەكلىدە كېلىشىمۇ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى بۇ شەكىل ئەرەبچىدە پەقەت ئەقىللىك مەخلۇقات ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (13-سۈرە رەئد، 15-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى سەجدە
    وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُمْ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ ۩
    ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ سەجدە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئىخىتىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ[8]. ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن كۈن ئولتۇرغۇچە بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ. ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر (ئىنسانلار، جىنلار ۋە پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا سەجدە قىلماقتىدۇر، ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ (ئۇزىرىش ۋە قىسقىرىش بىلەن) چۈش ۋە چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاللاھقا سەجدە قىلماقتىدۇر. بۇ يەردىكى «سەجدە قىلىش» - ئىتائەت قىلىش دېگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن، بەزىسىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ئاللاھقا بويسۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈملىرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: 1) پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئىختىيارسىز بويسۇنىدىغان ھۆكۈملەر بولۇپ، بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىش، ئۆلتۈرۈش، باشقۇرۇش ۋە رىزىق بېرىشتە ئىجرا قىلىۋاتقان ھۆكۈملىرىدۇر. 2) جىن ۋە ئىنسانلاردىن خالىغانلار بويسۇنۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان، خالىغانلار بويسۇنماي جازاغا يولۇقىدىغان ھۆكۈملەر بولۇپ، بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملىرىدۇر. نەتىجىدە ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر ئاللاھقا ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا بويسۇنىدۇ (سەجدە قىلىدۇ). بۇ ئايەت ئەنە شۇ مەزمۇننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ قُلِ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ لَا يَمْلِكُونَ لِأَنْفُسِهِمْ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ ۗ أَمْ جَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ خَلَقُوا كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ ۚ قُلِ اللَّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن) «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» دەپ سورىغىن ۋە (جاۋاب بېرىپ) «ئاللاھ» دېگىن. (ئۇلارغا) «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزىگىمۇ پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى ئۆزۈڭلارغا ھامىي قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. «كور بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇ بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» دېگىن. ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى «ياراتقان» دەۋالغان مەبۇدلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىمىز ياراتقان دەۋالغان نەرسىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىردۇر، ھەممىگە غالىبتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ رەببى كىم؟»، -يەنە-:«-ئۇلارنىڭ رەببى-ئاللاھ» دېگىن. - يەنە ئۇلارغا-: «سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان مەبۇدلارنى دوستلار قىلىۋالدىڭلارمۇ؟» دېگىن. - يەنە ئۇلارغا-: «كۆر بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇق بىلەن نۇر باراۋەر بولامدۇ؟» ياكى ئۇلار ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش قانداقتۇر مەخلۇقاتلارنى ياراتقان مەبۇدلارنى پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىپ ئاللاھنىڭ ياراتقىنى بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ياراتقىنىنى ئايرىيالماي قالدىمۇ؟ دېگىن. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئاللاھ بىر دۇر، ھەممىگە غالىبتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى كىم؟» دەپ سورىغىن، ئۇلارغا «ئاللاھ!» دەپ جاۋابمۇ بەرگىن. ئاندىن ئېيتقىنكى: «ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا - زىيانغا ئىگە بولالمايدىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا ۋەلىي قىلىۋالامسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «كور بىلەن كۆرگۈچى باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇقلار بىلەن يورۇقلۇق باراۋەر بولامدۇ؟». ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ؟[9] ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان، ئۇلارنى ساقلاۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟» دەپ سورىغىن ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرى ئوبدان بىلىدىغان جاۋابنى بايان قىلىپ: «ئاللاھتۇر» دېگىن. ئاندىن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى ھەر نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ ئەنە شۇ ئاللاھقا چوقۇنۇشۇڭلار، دۇئا قىلىشىڭلار ۋە ئېھتىرام بىلەن ئىتائەت قىلىشىڭلار لازىم كەلمەمدۇ؟ سىلەر بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر! سىلەر ھەر نەرسىنى ياراتقان قۇدرەتلىك ئاللاھ بىلەن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان ئاجىز نەرسىلەرنى قانداقمۇ تەڭ كۆرسىلەر؟». ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا بۇ خاتالىقىنى ئوبدان چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئېيتقىنكى: «ئىككى زىت نەرسە ئوخشاش بولامدۇ؟ مەسىلەن: كۆزلىرى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن كور ئادەم، قاپقاراڭغۇلۇق بىلەن روشەن يورۇقلۇق ئوخشاش بولامدۇ؟». ئى مۇھەممەد! ياكى ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقان نەرسىلىرى ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرى بىلەن ئوخشاش بولغان بىرلىرىنى تېپىپ، ئاللاھقا ئۇلارنى شېرىك قىلدىمۇ؟ ياق! ئۇلارنىڭ، بىر قىسىم ئىبادەتلىرىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىشى، مەسىلەن: ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىشى، ئاللاھتىن غەيرىيدىن مەدەت، شاپائەت، ئىلتىپات تىلىشى،... ئاللاھتىن غەيرىيدە ياراتقۇچىلىق، باشقۇرغۇچىلىق ۋە باققۇچىلىق (خالىقلىق، مۇدەببىرلىك، رەززاقلىق) كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھەددىدىن زىيادە ئەخمەق بولغانلىقى ۋە ئەقىللىرىنى ھېچ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا ھەر قانداق مۇشرىكتىن «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟ رىزىق بېرىش، يامغۇر ياغدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش ۋە كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى كىم قىلىدۇ؟» دەپ سورالسا، ئۇ مۇشرىك ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بارلىق مۇشرىكلارنىڭ بىلىشى لازىمكى، بۇ جاۋاب ئۇلارنى مۇسۇلمان قىلىشقا يەتمەيدۇ. پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلمىگەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ھەر ئىنسان بىلىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئىبادەت قىلىشقا ۋە ياردەم تىلەشكە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ ۋە ھېچنېمىنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن. تەۋھىد كەلىمىسى (لا ئىلاھە ئىللەللاھ)نىڭ مەنىسىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ كائىناتتىكى ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، يەككە - يېگانىدۇر، شېرىكى، ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر، قۇدرىتى چەكسىزدۇر، خالىغان ئىشنى قىلىشقا ۋە ھەرقانداق كۈچنى يېڭىشكە قادىردۇر. ئۇنداقتا چوقۇنۇشۇڭلارغا، دۇئا قىلىشىڭلارغا ۋە ئىلتىجا قىلىشىڭلارغا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌ بِقَدَرِهَا فَاحْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِي النَّارِ ابْتِغَاءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَاعٍ زَبَدٌ مِثْلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْحَقَّ وَالْبَاطِلَ ۚ فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنْفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ
    ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار (يەنى مەدەنلەرنىڭ كۆپۈكىمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، -يامغۇر سۈيى- جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ، ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ[1] شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار. ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرىدۇ، ئاندىن نۇرغۇن ۋادىلار توشقۇچە سەل بولۇپ ئاقىدۇ. بۇ سەل ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چىققان كۆپۈكنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئىنسانلار زىننەت بۇيۇمى ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتكەن نەرسىدىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈك چىقىدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال ئارقىلىق ھەق بىلەن باتىلنى بايان قىلىدۇ. كۆپۈككە كەلسەك، ئۇ ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان نەرسە بولسا زېمىندا قالىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ بىلەن، سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنىڭ پەرقى يارىتىشتىلا ئەمەس، ئەكسىچە ھەر ئىشتا مەۋجۇتتۇر. مەسىلەن: ئاللاھ سىلەرگە خىلمۇخىل نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى، ئاتا قىلىۋاتىدۇ ۋە ئاتا قىلىدۇ. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە بىرەر نېمەت ئاتا قىلغىنى بارمۇ؟ يوق، ھەرگىزمۇ يوق! ئاللاھ قار، يامغۇر ۋە مۆلدۈرلەرنى ياغدۇرۇش بىلەن ئاسمان (ئۈستۈن تەرەپ)تىن سۇ چۈشۈرىدۇ، سۇلار توپلىنىپ ۋادى، جىلغا ۋە جىرالاردا كەلكۈن بولۇپ ئاقىدۇ. كەلكۈن ئېقىش جەريانىدا ھېچقانداق پايدىسى يوق كۆپۈكلەرنى ئۈستىدە كۆتۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسانلار زىننەت بۇيۇمى ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتتا ئېرىتكەن ئالتۇن - كۈمۈشلەردىنمۇ كۆپۈكلەر چىقىدۇ. ئاللاھ بۇ مىسالنى ھەق بىلەن باتىل ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. سۇنىڭ كۆپۈكلىرى ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئالتۇن - كۈمۈشنىڭ كۆپۈكلىرى (پوقلىرى) تاشلىۋېتىلىدۇ. ئەمما ئىنسان، ھايۋان، زىرائەت ۋە دەل - دەرەخلەرگە پايدىلىق بولغان سۇ ئاخىرغىچە ئاقىدۇ ۋە ئۇلارغا پايدا يەتكۈزىدۇ. تاۋلانغان ئالتۇن - كۈمۈشمۇ ئاخىرقى شەكلىنى ئالىدۇ ۋە مەقسەت قىلىنغان پايدىنى بېرىدۇ. ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى مانا مۇشۇنداق مىساللارنى بايان قىلىش بىلەن ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ. دەرۋەقە قۇرئان كەرىمدە تەمسىل ۋە ئىستىئارە (مېتافورا) ئىبارىلىرى كۆپ كېلىدۇ. مانا بۇلار ئىنسانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر، چۈنكى كەلتۈرۈلگەن مىساللار ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قۇۋۋىتى بىلەن بايقىغان ھەقىقەتلەرنى زېھىنلىرىدە تەسەۋۋۇر قىلىشلىرىغا ۋە ئەقلى بىلەن چۈشەنگەن مەنىلەرنى كۆز ئالدىلىرىدا جانلاندۇرۇشلىرغا ياردەمچى بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى مىساللارنىڭ، ئىنسانلار كۈندىلىك ھاياتىدا ئۇچرىتىدىغان ھادىسىلەر، ئەھۋاللار ۋە نەرسىلەردىن تەركىب تېپىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى 14 ~ 17 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بىر - بىرىدىن تامامەن پەرقلىق ئىككى ئۇقۇملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 18 ~ 25 - ئايەتلەردە بولسا، تەۋھىدنى قوبۇل قىلغانلار بىلەن شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. لِلَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَالَّذِينَ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُ لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ سُوءُ الْحِسَابِ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
    ئاللاھنىڭ (ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا زېمىندىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ -ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى- قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار. قوبۇل قىلمىغانلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولسا ئىدى، ئۇلار ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلىرىنى چوقۇم فىديە قىلىپ بەرگەن بولاتتى. ئەنە شۇلارغا يامان ھېساب بار. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە) ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان، شېرىكتىن چەكلىگەن. ئاللاھنىڭ بۇ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ تەۋھىدنى قەلبىگە ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ياشىغانلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات (دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت) بېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلارغا كەلسەك، ئۇلار قىيامەت كۈنى قىلمىشلىرىغا بېرىلگەن جازاغا قاراپ دۇنيادىكى پۈتكۈل بايلىقلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بىر ئوخشىشىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ بولۇشىنى ۋە ئۇ جازانى چەكمەسلىك بەدىلىگە ئۇ بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەنە شۇلاردىن قىيامەت كۈنى قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ تۇرار جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. أَفَمَنْ يَعْلَمُ أَنَّمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ الْحَقُّ كَمَنْ هُوَ أَعْمَىٰ ۚ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم، (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم -ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى- كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم كور ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى چۈشىنىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (19-21) ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ئاللاھتىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىكى دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان ئادەم، ئۇ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمغان ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ئەسلا ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ دۇنيادا ئېتىقاد ۋە ئەمەلدە، ئاخىرەتتە ھېساب ۋە نەتىجىدە ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ. چۈنكى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى كائىناتتىكى مەخلۇقاتلار ۋە ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا بويسۇنۇش لازىملىقىنى چۈشەنگەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىدە تۇرغان، توختاملىرىنى بۇزمىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمىر قىلغان نەرسىنى ئۇلىغان (لايىق رەۋىشتە ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلگە ئىگە بولغان، بولۇپمۇ تۇغقانلىرىغا سىيلە - رەھىم ۋە موھتاجلارغا خەيرخاھلىق قىلغان)، رەببى ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرغان ۋە قىيامەت كۈنى يامان شەكىلدە ھېساب ئېلىنىشتىن قورققان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (13-سۈرە رەئد، 20-ئايەت) ۋەدىگە ۋاپا
    الَّذِينَ يُوفُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَلَا يَنْقُضُونَ الْمِيثَاقَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھدىگە (يەنى ئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ۋە توختامىنى بۇزمايدىغان كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  21. وَالَّذِينَ يَصِلُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ وَيَخَافُونَ سُوءَ الْحِسَابِ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ (خىش ـ ئەقرىبالارغا) سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ -خىش ـ ئەقرىبالارغا- سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ھېسابنىڭ يامان بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۇلايدىغان، رەببىدىن ئەيمىنىدىغان ۋە يامان ھېسابتىن قورقىدىغان كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  22. وَالَّذِينَ صَبَرُوا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً وَيَدْرَءُونَ بِالْحَسَنَةِ السَّيِّئَةَ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عُقْبَى الدَّارِ
    پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ (يەتكەن كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغانلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار (يەنى يامان ئىش قىلىپ قالسا، ئارقىدىن ياخشى ئىش قىلىدىغانلار، يامانلىق قىلغۇچىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلار) ـ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغانلار، نامازنى ئادا قىلغانلار، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ئاللاھ يولىدا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەرپ قىلغانلار ۋە ياخشىلىقى ئارقىلىق يامانلىقىنى دەپئى قىلىدىغانلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلغان، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئەنە شۇ ياخشى سۈپەت ۋە ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر بولۇش بىلەن بىرگە، رەببى ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغان، بەش ۋاخ نامازنى داۋاملىق ۋە تولۇق ئۆتىگەن، ئاللاھ ئاتا قىلغان رىزىقتىن ئاللاھ يولىدا ھەر پۇرسەتتە چىقىم قىلغان، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇ ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى قىيامەت كۈنى ئاخىرەت يۇرتىنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. جَنَّاتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا وَمَنْ صَلَحَ مِنْ آبَائِهِمْ وَأَزْوَاجِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ ۖ وَالْمَلَائِكَةُ يَدْخُلُونَ عَلَيْهِمْ مِنْ كُلِّ بَابٍ
    ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ياخشى ئاقىۋەت ئەدن جەننەتلىرىدۇر. ئۇلار ئاتا - ئانىلىرىدىن، جۈپلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ياخشى بولغانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇ جەننەتلەرگە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا ھەر ئىشىكتىن كىرىپ:‏ — ئەنەس ئالىم

    (23-24) ئۇ ياخشى ئاقىۋەت «ئەدن جەننەتلىرى» بولۇپ، ئۇلار ئاتا - ئانىلىرىدىن، جۈپلىرىدىن (ئەرلەر ئاياللىرىدىن، ئاياللار ئەرلىرىدىن) ۋە بالىلىرىدىن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ لايىق بولغانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇ جەننەتلەرگە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا ھەر ئىشىكتىن كىرىپ: «سالام سىلەرگە! چۈنكى سەۋر قىلدىڭلار. ئاخىرەت يۇرتىدىكى بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە «ئەدن جەننەتلىرى»نى مۇئەييەن سۈپەتتىكى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە ۋەدە قىلىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئەر - ئايال مۇئمىنلارغا، تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىدۇ. دېمەككى، ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى تەلەپكە لايىق ھالدا ئورۇندىغان ۋە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ئەستايىدىل ساقلانغان مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ئايەتلەردىكى سۈپەتلىرى ئۇلارنىڭ مۇئمىنلىق ۋە تەقۋادارلىقىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (13-سۈرە رەئد، 24-ئايەت) جەننەتتىكى مۇكاپاتلار سەۋر
    سَلَامٌ عَلَيْكُمْ بِمَا صَبَرْتُمْ ۚ فَنِعْمَ عُقْبَى الدَّارِ
    (پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار:«سەۋرىنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    «سالام سىلەرگە! چۈنكى سەۋر قىلدىڭلار. ئاخىرەتتىكى بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن ياخشى!» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  25. وَالَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۙ أُولَٰئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
    ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە (ئۇلارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار لەنەتكە ۋە ئاخرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغان، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمىر قىلغان نەرسىنى ئۈزگەن ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار لەنەتكە ۋە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدۇ - دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 25 - ئايەتتە ئەھدىسىنى بۇزغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 26 ~ 30 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ كافىرلىقى ياكى مۇئمىنلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، شۇڭلاشقا كافىرلار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئۇلارنى سىناش ۋە قەدەممۇقەدەم جازاغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ باياشاتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىشكى قانۇنىنى ئەسلىتىدۇ، ھىدايىتىگە ئېرىشكەنلەرنى تونۇتىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەپ قۇرئاندىن باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلغانلارغا جاۋاب بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىلاھىي دەۋەتنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلارغا ئۇنىڭغا ئەگىشىشى ۋە ئۇنىڭ دەستۇرى بولغان قۇرئانغا بويسۇنۇشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەۋھىدنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (13-سۈرە رەئد، 26-ئايەت) رىزىق ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    اللَّهُ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ وَفَرِحُوا بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا فِي الْآخِرَةِ إِلَّا مَتَاعٌ
    ئاللاھ (ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ. (مۇشرىكلار) دۇنيا تىرىكچىلىكىگە خۇش بولۇپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئاخىرەتكە قارىغاندا ئۆتكۈنچى بەھرىمەن بولۇشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. - مۇشرىكلار- دۇنيا تىرىكچىلىكىگە خۇش بولۇپ كەتتى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئاخىرەتكە قارىغاندا ئازغىنا بىر پايدىلىنىشتىنلا ئىبارەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ رىزىقنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتى بىلەن كۆرەڭلىدى. ھالبۇكى، دۇنيا ھاياتى ئاخىرەتكە قارىغاندا ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشتىنلا ئىبارەتتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ بەزىلەرنى بايلىق، بەزىلەرنى پېقىرلىق بىلەن سىنىشى بولۇپ، بىر كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشى ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشى ئۇنى خارلىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغانلار (مۇشرىكلار) ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە كەڭ رىزىق ئاتا قىلىشىدىكى ھېكمەتنى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىلكىدىكى نېمەتلەر بىلەن كۆرەڭلەپ ھەقنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇلارنىڭ بىلىشى لازىمكى: باي بولۇش ھەق ئۈستىدە بولغانلىقنىڭ، پېقىر بولۇش خاتا يولدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس، ئەكسىچە ھەر ئىككىسى سىناقتۇر. ئۇلارنىڭ شۇنىمۇ بىلىشى لازىمكى: دۇنيا ھاياتى ئاخىرەت ھاياتىغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ
    كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىيسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. -ئى مۇھەممەد!- «ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى بولسا توغرا يولغا باشلايدۇ» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۆزىگە داۋاملىق يۆنەلگەن كىشنى ھىدايەت قىلىدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۆزلىرىنىڭ باياشات تۇرمۇشى بىلەن كۆرەڭلىگەن ئۇ كافىرلار (ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈپ بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار بۇ «مۆجىزە» تەلىپى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سالىھ، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارغا بېرىلگەن ماددىي مۆجىزىلەرگە ئوخشىغان بىرەر ماددىي مۆجىزە كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭگۈ مۆجىزىسى بولغان قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىدى، ئۇنىڭ بىرەر ئايىتىنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىش ھەققىدىكى جەڭ ئېلانى ئۇلارنىڭ قۇلاق تۈۋىلىرىدە جاراڭلىماقتا ئىدى، ئۇلار بولسا چارىسىز ئىدى. لېكىن ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆرەڭلىكى قۇرئان كەرىمگە ئىشەنمەسلىك ئۈچۈن مۇشۇنداق باھانە كۆرسىتىشكە ئېلىپ بارغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (13-سۈرە رەئد، 28-ئايەت) ئىمان زىكىر
    الَّذِينَ آمَنُوا وَتَطْمَئِنُّ قُلُوبُهُمْ بِذِكْرِ اللَّهِ ۗ أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ
    (تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھ نى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كىشىلەر ئىمان ئېيتقان ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپىدىغان كىشىلەردۇر. بىلىڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ئارام تاپىدۇ[10].‏ — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، ئۆزىگە يۆنەلگەن كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. دېمەككى، سىلەر ئالاھقا يۆنەلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى ئازۇدۇرۇۋەتكەن». ئاللاھقا يۆنەلگەن كىشىلەر ئىمان ئېيتقان ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپقان كىشىلەردۇر. بىلىڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەنلا ئارام تاپىدۇ. ئەسكەرتىش: «ئاللاھنىڭ زىكرى» قۇرئاندۇر. شۇڭلاشقا «قەلبلەر ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە، «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈپ بېرىلمىدى؟» دېگەن تەرسالارغا جاۋاب بولۇپ، «مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاشقا قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى كۇپايە قىلىدۇ» دېگەن بولىدۇ. دەرۋەقە قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىگە قايىل بولغانلار ئىمان كەلتۈرىدۇ. قايىل بولمىغانلىقىنى ئېيتقانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل ۋە فىترىتىنىڭ ئۈندەشلىرىگە پەرۋا قىلمىغان، يۇقىرى تەبىقىدىكىلىرى تەكەببۇرلۇق ۋە تەرسالىقىغا، تۆۋەن تەبىقىدىكىلىرى نادانلىق ۋە تەقلىدچىلىكىگە يېڭىلگەن ئەخمەقلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (13-سۈرە رەئد، 29-ئايەت) تەقۋادارلىق ئىمان
    الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ طُوبَىٰ لَهُمْ وَحُسْنُ مَآبٍ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار خۇشاللىققا، گۈزەل قارارگاھ - جەننەت-كە ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا بەخت ۋە ياخشى ئاقىۋەت بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىشەنگەن، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلغان، چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلانغان كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دۇنيادا ئىززەت، ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. كَذَٰلِكَ أَرْسَلْنَاكَ فِي أُمَّةٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهَا أُمَمٌ لِتَتْلُوَ عَلَيْهِمُ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَهُمْ يَكْفُرُونَ بِالرَّحْمَٰنِ ۚ قُلْ هُوَ رَبِّي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ مَتَابِ
    (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلماقتا، (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندەك، سېنى شۇنداق بىر ئۈممەتكە ئەۋەتتۇقكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەر ئۆتكەن، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھ نى ئىنكار قىلماقتا، -ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا- ئېيتقىنكى: «ئۇ مېنىڭ رەببىمدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھيۇقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز بۇرۇنقى ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەندەك سېنى شۇنداق ئۇممەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇقكى، ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەر ئۆتكەن. ۋەزىپەڭ بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتابنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىشتۇر. ئۇلار بولسا رەھمانغا كافىر بولۇۋاتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ رەھمان مېنىڭ رەببىمدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن بىزنىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن تۇنجى ئەلچىمىز ئەمەسسەن. بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇنلىغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاخىرىدا سېنى ئۆزىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەر ئۆتكەن بۇ ئۇممەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋەزىپەڭ ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسىگە ئوخشاش بولۇپ، بىزنىڭ ساڭا نازىل قىلغان ۋەھيىمىزنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلدىڭ، لېكىن ئۇلار «رەھمان»غا كۇفرىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە ئاتا قىلىنغان رەھمەتنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، ئۆتمۈشتىكى قەۋملەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ھېچ ئىبرەت ئالمايۋاتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقان ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر كۇفرىلىق قىلىۋاتقان رەھمان مېنى ياراتقان، ماڭا رىزىق بېرىۋاتقان، مېنى سىلەرگە ئەلچىسى قىلىپ قۇرئان بىلەن ئەۋەتكەن ۋە مېنى ھىمايە قىلىۋاتقان زاتتۇر. مەن ئۇنىڭغا ئىشەندىم، ئۇنىڭغا تاياندىم، ئۇنىڭغا يۆنەلدىم». ئاللاھ تائالا 27 ~ 29 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈپ بېرىلمىدى؟» دېگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ يېتەرلىك مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ؛ كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ؛ مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ. 31 - ئايەتتە بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. وَلَوْ أَنَّ قُرْآنًا سُيِّرَتْ بِهِ الْجِبَالُ أَوْ قُطِّعَتْ بِهِ الْأَرْضُ أَوْ كُلِّمَ بِهِ الْمَوْتَىٰ ۗ بَلْ لِلَّهِ الْأَمْرُ جَمِيعًا ۗ أَفَلَمْ يَيْأَسِ الَّذِينَ آمَنُوا أَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَهَدَى النَّاسَ جَمِيعًا ۗ وَلَا يَزَالُ الَّذِينَ كَفَرُوا تُصِيبُهُمْ بِمَا صَنَعُوا قَارِعَةٌ أَوْ تَحُلُّ قَرِيبًا مِنْ دَارِهِمْ حَتَّىٰ يَأْتِيَ وَعْدُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
    مۇبادا بىر قۇرئان (يەنى كىتاب) بولۇپ، ئۇ (تىلاۋەت قىلىنىش) بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ (ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى). ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۆمىنلەر بىلمىدىمۇ؟ (ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مۇبادا بىرەر قۇرئان بولۇپ، ئۇنىڭ -تىلاۋەت قىلىنىشى- بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر سۆزلەيدىغان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار چوقۇم ئىمان ئېيتمايتتى. ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى مۇئمىنلار بىلمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر، كاپىرلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھامان تۈرلۈك بالالارغا دۇچار بولىدۇ، ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايغا چۈشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەلۋەتتە خىلاپلىق قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىرەر قۇرئان بىلەن تاغلار يۆتكىلىدىغان ياكى زېمىن پارچىلىنىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر زۇۋانغا كەلتۈرىلىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئۇ يەنە چوقۇم بۇ قۇرئان بولاتتى. لېكىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. مۇئمىنلار ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىد ئۈزمىدىمۇ؟ كافىرلارنىڭ باشلىرىغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بالا كېلىپ تۇرىدۇ ياكى بالا ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىغا يېقىن جايغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا مۇھەممەدنىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسى بولغان قۇرئان تۇرسىمۇ ئۇنىڭدىن باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ قۇرئان شۇنداق مۆجىزە كىتابكى، ئەگەر بىرەر كىتابنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن تاغ يۆتكىلىدىغان ياكى يەر يېرىلىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەر زۇۋانغا كېلىدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئۇ كىتاب مۇشۇ قۇرئان بولغان بولاتتى. لېكىن ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇنداق ئىشلارنى قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكلەشتۇر. قۇرئان ئەنە شۇنداق مۆجىزە تۇرۇقلۇق مۇشرىكلارنىڭ ئىمان كەلتۈرمەسلىكى، ئۆزلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇق ۋە تەرسالىقى سەۋەبلىكتۇر. شۇ بىر ھەقىقەتكى، ئىشلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن قايسى قەۋمگە قانداق مۆجىزە ئەۋەتىش ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئاللاھ ئىنسانلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۆز ھېكمىتى تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى ئەۋەتىدۇ. ئاللاھ، ئەۋەتكەن مۆجىزىگە قايىل بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلغانلارنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ھەقنى تېپىپ قوبۇل قىلىش بولمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزە كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى جازالايدۇ. مۆجىزە تەلەپ قىلغان مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق ئىكەن، مۇئمىنلار ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن تېخىچە ئۈمىد ئۈزمىدىمۇ ۋە ئاللاھ خالىغان بولسا بارلىق ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن ئاللاھنىڭ بۇنى خالىمىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۆزى خالىغان كىشىنى ئەمەس، ئەكسىچە ھىدايەت تېپىشنى خالاپ ئىزدەنگەن، ئىنتىلگەن ۋە توغرا يولنى تاپسا قوبۇل قىلغانلارنىلا ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟. ئاللاھنىڭ بىرەر كىشىنى ھىدايەت قىلىشى ياكى ئازدۇرۇۋېتىشى شۇ كىشىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن تاللىشىغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كافىرلار كۇفرىلىقىدا ئەزۋەيلەپ تۇرىدۇ ۋە باشلىرىغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بالايىئاپەت كېلىپ تۇرىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ دىيارىغا يېقىن جايلاردا مۇسىبەت بولۇپ ئۇلارنىڭ تەشۋىشلىنىشىگە سەۋەبچى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇلار ئۆلگۈچىلىك ياكى قىيامەت قايىم بولغۇچىلىك داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئىش چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا 31. ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 32 ~ 35 - ئايەتلەردە بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، كافىرلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
    سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىنغان ئىدى. مەن كافىرلارغا بىر مۇددەت مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق ئىكەن؟[11] — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئوساللىرى سېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ، سەن سەۋر قىلغىن، مەيۈسلەنمىگىن، بوشاشمىغىن، دەۋەت پائالىيىتىڭنى ئەينەن داۋاملاشتۇرغىن ۋە شۇنى بىلگىنكى: مەن ئۇلارنى يېقىندا جازالايمەن. ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىمىزمۇ قەۋملىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغان. ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى ئازابىمىزدىن ئاگاھلاندۇرسا، ئۇلار ئەلچىلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ۋە باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنى مەسخىرە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب بىلەن ھالاك قىلىنغان. مەسىلەن: ئۆز ۋاقتىدا نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب ۋە مۇسالار مەسخىرە قىلىنغان. ئەمما مەن ئۇلارنى مەسخىرە قىلغان كافىرلارغا باشتا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازالىشىمنىڭ قانداقلىقىنى ئاخىرى ھەممىسى كۆردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. أَفَمَنْ هُوَ قَائِمٌ عَلَىٰ كُلِّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ ۗ وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ قُلْ سَمُّوهُمْ ۚ أَمْ تُنَبِّئُونَهُ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي الْأَرْضِ أَمْ بِظَاهِرٍ مِنَ الْقَوْلِ ۗ بَلْ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مَكْرُهُمْ وَصُدُّوا عَنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
    ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ (بۇتلارغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارغا: « بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ ئىنكار قىلىنامدۇ؟ ئۇلار ئاللاھقا شېرىكلەر قىلىۋالدى. ئۇلارغا: «بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان زاتنى بىر دەپ بىلىش كېرەك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ شېرىكلىرىڭلارنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى دەپ بېقىڭلار. ياكى يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گەپ قىلىۋاتامىسلەر؟». بەلكى كافىرلارغا ئۆز ھىيلىگەرلىكلىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار توغرا يولدىن توسۇلدى. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ھەر كىشىنى يوقتىن ياراتقان، رىزىق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەۋاتقان، ئاسراۋاتقان، باشقۇرۇۋاتقان، ئۇنى ۋە قىلمىشىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان ئاللاھقا تەڭ كېلىدىغان بىرەر شەيئى ياكى بىرەر شەخس بارمۇ؟ يوق، ھەرگىزمۇ يوق!. ئەمما مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈەزلمەيدىغان ۋە ئۆزلىرىدىن ھېچقانداق زىياننى دەپئى قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئىبادەتتە ئەنە شۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، دۇئا قىلىۋاتقان ۋە مەدەت تەلەپ قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئىسىملىرىنى دەپ بېقىڭلار، قېنى! ئۇلار كىم؟ ئالاھىدىلىكلىرى نېمە؟ نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئۆزىنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك بولالايدىغان ھېچ نەرسە يوق. ئەجەبا، سىلەر ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا يوق نەرسىنى تېپىپ، ئۇنى ئاللاھقا خەۋەر قىلماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟! ياكى سىلەر قۇرۇق گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟ شۇنداق، ئەلۋەتتە قۇرۇق گەپ قىلىۋاتىسىلەر. ئەسلىدە مۇشرىكلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھىيلە - مىكىر پىلانلىشى ۋە باتىلنى پەردازلىشىى چىرايلىق كۆرسىتىلدى - دە، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىدى ۋە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئاللاھ ئازدۇۋەتكەن كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (13-سۈرە رەئد، 34-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    لَهُمْ عَذَابٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَشَقُّ ۖ وَمَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ
    ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇشرىكلارغا دۇنيا ھاياتىدا ئازاب بار. ئاخىرەتنىڭ ئازابى بولسا تېخىمۇ قاتتىقتۇر. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا تۈرلۈك مۇسىبەت ۋە بالايىئاپەتلەرگە يولۇقىدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە يولۇقىدىغان ئازاب (دوزاخ ئازابى) تېخىمۇ قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن ساقلايدىغان ھېچكىم يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. مَثَلُ الْجَنَّةِ الَّتِي وُعِدَ الْمُتَّقُونَ ۖ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ أُكُلُهَا دَائِمٌ وَظِلُّهَا ۚ تِلْكَ عُقْبَى الَّذِينَ اتَّقَوْا ۖ وَعُقْبَى الْكَافِرِينَ النَّارُ
    تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛ كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر — مۇھەممەد سالىھ

    تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛ كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت مۇنداق: ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەرنىڭ يېمەكلىكلىرى ۋە سايىلىرى تۈگەپ قالمايدۇ. ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. كافىرلارنىڭ ئاقىۋىتى بولسا دوزاخ ئوتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلغان جەننەت تۆۋەندىكىچە: ئاستىدىن ئېقىن سۇلار ئېقىپ تۇرىدۇ، يېمەكلىكلىرى ۋە سايىلىرى تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئەنە شۇ جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش تەقۋادار بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. كافىرلارنىڭ ئاقۋىتى بولسا دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشتۇر. ئاللاھ تائالا 31 ~ 35 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، ئۇنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخ بىلەن جاازلايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 36 ~ 39 - ئايەتلەردە بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ شۇنداق ئۇلۇغ كىتاب بولۇشىدىن ۋە نازىل قىلىنغاندىن تارتىپ قىيامەتكىچە ئىنسانلارنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئەمەل قىلىشقا باغلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەۋەتتىن قىلچە بوشاشماسلىقى، ئەكسىچە دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ ۋە تەسەللىي بېرىدۇ. جازا باشلانغۇچىلىك تەۋبە دەرۋازىسىنىڭ ھەر گۇناھكارغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَفْرَحُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ ۖ وَمِنَ الْأَحْزَابِ مَنْ يُنْكِرُ بَعْضَهُ ۚ قُلْ إِنَّمَا أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّهَ وَلَا أُشْرِكَ بِهِ ۚ إِلَيْهِ أَدْعُو وَإِلَيْهِ مَآبِ
    (ئى مۇھەممەد!) بىز كىتاب (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىل) نازىل قىلغانلار (يەنى ئابدۇللا ئىبن سالام ۋە نەجاشىغا ئوخشاشلار) ساڭا نازىل قىلىنغان (قۇرئان) دىن شادلىنىدۇ. (ساڭا قارشى) ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا (ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گەدەنكەشلىكتىن) قۇرئاننىڭ بەزى (جايلىرىنى) ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. (ئى مۇھەممەد!) «مەن پەقەت (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا (ھېچ نەرسىنى) شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، (ئىنسانلارنى) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن، ئاللاھنىڭلا دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- بىز كىتاب نازىل قىلغانلار، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاندىن شادلىنىدۇ. ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزگەنلەرنىڭ ئارىسىدا قۇرئاننىڭ بەزى جايلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. -ئى مۇھەممەد!- «مەن پەقەت يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم، مەن كىشىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمەن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدۇ. لېكىن ئۇ گۇرۇھلاردىن ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇلدۇم. مەن پەقەت ئۇنىڭغىلا دەۋەت قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنىلىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەھلى كىتابتىن (يەھۇدىيلاردىن ۋە ناسارالاردىن) ئۆز كىتابىغا ئەمەل قىلىۋاتقان سەمىمىي ئادەملەر ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان بىلەن سۆيۈنىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ قۇرئاندا ئۆز كىتابلىرىدىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرىدۇ - دە، ئۆز كىتابلىرىدا نازىل قىلىنىشى بېشارەت بېرىلگەن كىتابنىڭ بۇ قۇرئان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە دەرھال ئىمان كەلتۈرىدۇ. دەرۋەقە قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى) ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھالەتتە نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. لېكىن گۇرۇھلار يەنى ھەقكە بويسۇنۇشنى ئەمەس، بىرەر گۇرۇھقا مەنسۇپ بولۇشنى ئاساس قىلىدىغان كىشىلەر قۇرئاننىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىدۇ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ۋە باشقا بارلىق ئىنكارچىلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئىنسانلارنى بۇ تەۋھىدكە دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. شۇڭلاشقا مەن ئىنسانلارنى بۇ تەۋھىدكە دەۋەت قىلىمەن. مەن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ ھېساب بېرىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ حُكْمًا عَرَبِيًّا ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَمَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا وَاقٍ
    شۇنىڭدەك (يەنى ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز تىلىدا كىتاب نازىل قىلغىنىمىزدەك)، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا چىقىرىشقا) ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق، سەن ئىلىمگە ئىگە بولۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ئەھلى كىتابنىڭ) نەپسى- خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭدەك، قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا ھۆكۈم قىلغۇچى قىلىپ نازىل قىلدۇق. ساڭا بۇ ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ كېتىدىغان بولساڭ، ساڭا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى ۋە سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭدەك[12]، بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەبچە ھۆكۈم قىلىپ نازىل قىلدۇق. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سەن ئۆزۈڭنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچبىر ۋەلىي ۋە ھېچبىر ساقلىغۇچى تاپالمايسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز بۇرۇنقى ئەلچىلىرىمىزگە ئۆز تىللىرىدا كىتاب نازىل قىلغاندەك، ساڭا بۇ قۇرئاننى ئەرەبچە ھۆكۈملەر ۋە ھېكمەتلەر ھالىتىدە نازىل قىلدۇق. ئى مۇھەممەد! مۇبادا سەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق ھامىيىڭ، مەدەتكارىڭ ۋە قوغدىغۇچىڭ بولمايدۇ، سېنى ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ھېچكىم ساقلاپ قالالمايدۇ، چۈنكى كافىرنىڭ ئارزۇسىغا ئەگىشىش بىلەن توغرا يول ئۈستىدە بولۇش بىر - بىرىگە زىت بولۇپ، ئۇلار بىر كىشىدە ھەرگىزمۇ جەم بولمايدۇ. بۇنى جەم قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ دوستلۇق ۋە ياردىمىدىن مەھرۇم قالىدۇ، غەزەپ ۋە ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ وَجَعَلْنَا لَهُمْ أَزْوَاجًا وَذُرِّيَّةً ۚ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ
    بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ئەجەلنىڭ بىر ھۆكمى بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغىمۇ خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق. ھېچبىر ئەلچى ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئايەت كەلتۈرەلمەيتتى. ھەر ئەجەلنىڭ كىتابى بار[13].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بەزى ئىنسانلار سېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشىمىزدىن ۋە سېنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىڭدىن ئەجەبلىنىۋاتىدۇ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭدە باشقىلارنى شۈبھىگە چۈشۈرۈۋاتىدۇ ۋە سەندىن مۆجىزە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، سېنىڭ ئىنسان بولۇشۇڭ ۋە خوتۇن - بالىلىرىڭ بولۇشى بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇشۇڭغا توسالغۇ بولمايدۇ. بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئىنسانلارغا ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭمۇ خوتۇن - بالىلىرى بار ئىدى. ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۆز قەۋملىرىگە بىز بەرگەن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى، سەنمۇ قەۋمىڭگە بىز بەرگەن مۆجىزە (قۇرئان)نى كۆرسىتىۋاتىسەن. ھېچبىر پەيغەمبەر ئۆزى چاغلاپ مۆجىزمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ، قەۋمى تەلەپ قىلغان مۆجىزىنىمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە ھەر پەيغەمبەر بىز بەرگەن مۆجىزىنىلا كۆرسىتىپ قەۋمىگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھ قىلىشنى ئىرادە قىلغان ھەر ئىش ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىت يەتكەندە ئۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، شۇڭلاشقا قۇرئانغا قارشى چىقىۋاتقان ئاسىيلار دەرھال جازالاندۇرۇلمايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ جازالاندۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (13-سۈرە رەئد، 39-ئايەت) لەۋھۇلمەھپۇز ئىلاھىي ئىرادە
    يَمْحُو اللَّهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ ۖ وَعِنْدَهُ أُمُّ الْكِتَابِ
    ئاللاھ (ئەھكاملاردىن) خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ خالىغىنىنى ئۈچۈرىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. ئانا كىتاپ ئۇنىڭ يېنىدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ، خالىغىنىنى جايىدا قويىدۇ. ئاساسىي كىتاب ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەمما جازا كېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار جازادىن قۇتۇلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ، جېنى ھەلقۇمغا كېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغان گۇناھكار بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى كەچۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا (تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە) بېرىدىغان جازاسىنى ئۆچۈرىدۇ. لېكىن جازالاش باشلىغانغا قەدەر تەۋبە قىلمىغانلارنىڭ جازالىنىش ھۆكمىنى جايىدا قويىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. ئاساسىي كىتاب ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. مەسىلەن: ئاللاھ بۇ قانۇنى بويىچە فىرئەۋننىڭ غەرق بولۇۋېتىپ قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمىغان، يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئازاب باشلىنىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغان. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھېچكىم ئاللاھتىن قىلغىنىنىڭ ھېسابىنى سورالمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئىنسانلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى سورايدۇ. ئاللاھ تائالا 36 ~ 39 - ئايەتلەردە، قۇرئان كەرىم شۇنچە ئۇلۇغ مۆجىزە كىتاب بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا سۇسلۇق قىلماسلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە تەسەللىي بېرىدۇ. 40 ~ 43 - ئايەتلەردە بولسا، ئىنكارچىلارنى جازالاشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىدۇ، ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلىشىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ھېچقانداق نۇقسانلىق يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. وَإِنْ مَا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ وَعَلَيْنَا الْحِسَابُ
    ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ (يەنى سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا نازىل قىلساقمۇ) ياكى سېنى (مۇشرىكلارغا ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بولسا ھېساب ئېلىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ئۇلارغا مەيلى سەن ھايات ۋاقتىڭدا يەتكۈزەيلى، مەيلى سېنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدىن كېيىن يەتكۈزەيلى، بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. چۈنكى بۇ سېنىڭ ۋەزىپەڭ دائىرىسىدە ئەمەس. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر، سەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغىن، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىغانلاردىن ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (13-سۈرە رەئد، 41-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم
    أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنْقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ وَاللَّهُ يَحْكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكْمِهِ ۚ وَهُوَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
    ئۇلارنىڭ يېرىنى چۆرىسىدىن تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىز (يەنى كۇففارلارنىڭ زېمىنىنى قەدەممۇ قەدەم پەتھى قىلىپ، ئىسلام يۇرتىغا قوشۇۋاتقانلىقىمىز) نى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ (خالىغانچە) ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ يېرىنى چۆرىسىدىن تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىزنىڭ زېمىننى ئەتراپىدىن كېمەيتىپ تۇرغانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ مەككە مۇشرىكلىرى بىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە مۇسۇلمانلارنىڭ شەۋكىتىنى ئاشۇرۇپ كۇفرى دىيارلىرىنى ئۇلارغا فەتھ قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى، شۇنداقلا كۇفرى دىيارىنى ئەتراپىدىن كېمەيتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟. ئاللاھ خالىغىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ: خالىغىنىنى ئەزىز، خالىغىنىنى خار، خالىغىنىنى پېقىر خالىغىنىنى باي، خالىغىنىنى شاھ، خالىغىنىنى گاداي،... قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ ھۆكۈمنى بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ، ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر: ھەر كىشىنىڭ ۋە ھەر قەۋمنىڭ ماتېرىيالى تەييار. ئاللاھ ھېسابنى باشلاتقاندا، بۇ ئىشنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا پۈتتۈرۈپ نەتىجىسىنى (مەسىلەن: دۇنيادا ئىززەت ياكى خارلىق يەتكۈزۈشنى، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى دوزاخقا تاشلاشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. وَقَدْ مَكَرَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَلِلَّهِ الْمَكْرُ جَمِيعًا ۖ يَعْلَمُ مَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ ۗ وَسَيَعْلَمُ الْكُفَّارُ لِمَنْ عُقْبَى الدَّارِ
    ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. (ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان) يوشۇرۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان (ياخشى- يامان) ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار (ئازابنى كۆرگەندە) كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ - پەيغەمبەرلىرىگە- ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. -ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان- تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلگىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار پات-يېقىندا كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ھىيلە - مىكىر قىلىشقان ئىدى. ئاللاھ پۈتۈن ھىيلە - مىكىرلەرنى بەربات قىلغۇچىدۇر[14] . ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىنى بىلىدۇ. كافىرلار يېقىندا، ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەتكە كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مەككە مۇشرىكلىرى ساڭا قىلغان ھىيلە - مىكىر ۋە يامانلىقلارغا قاراپ غەمكىن بولمىغىن، چۈنكى ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇشرىكلارمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق ھىيلە - مىكىر ۋە يامانلىقلارنى قىلغان ئىدى. بۇ، مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئادىتىدۇر. بىز ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى بەربات قىلىپ، ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلغان ئىدۇق. ئەمدى ساڭىمۇ ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەرگىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلىمىز، دۈشمىنىڭلارنى مەغلۇپ قىلىمىز. بىز ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىنى بىلىپ تۇرۇمىز ، شۇنداقلا ھەر كىشىگە تېگىشلىك مۇئامىلە قىلىمىز. كافىرلار ياخشى ئاقىۋەتكە كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَسْتَ مُرْسَلًا ۚ قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ وَمَنْ عِنْدَهُ عِلْمُ الْكِتَابِ
    (ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ، ئېيتقىنكى: راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار: «سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەمەس» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ ۋە يېنىدا كىتابنىڭ ئىلمى بولغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كافىرلار ساڭا، «سەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلمىدىڭ» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ياق، ئاللاھ مېنى راستىنلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانلىچىلىقىڭلارغا ئاللاھنىڭ گۋاھلىقى كۇپايە قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەھلى كىتابنىڭ سەمىمىيلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىمۇ كۇپايە قىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى