ياسىن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 83 ئايەت
مەنىسى: ي، س ھەرپلىرى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ئىككى ھەرپ بىلەن باشلانغان
  1. (36-سۈرە ياسىن، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يس
    ياسىن — مۇھەممەد سالىھ

    ياسىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياسىن. — ئەنەس ئالىم

    يا، سىن. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    !
  2. وَالْقُرْآنِ الْحَكِيمِ
    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (2-4) ئى مۇھەممەد! چوڭقۇر ھېكمەت، توغرا ھۆكۈم ۋە پايدىلىق ئىلىم ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرئان بىلەن قەسەمكى، سەن مېنىڭ ئەلچىلىرىمدىنسەن، توغرا يولدىسەن، سەن مېڭىۋاتقان ۋە باشقىلارنى دەۋەت قىلىۋاتقان يولۇڭ توغرا يولدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. إِنَّكَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، سەن ئەلۋەتتە ئەلچىلىرىمدىنسەن. — ئەنەس ئالىم

  4. (36-سۈرە ياسىن، 4-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى توغرا يول
    عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    توغرا يولدىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    توغرا يولدىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    توغرا يولدىسەن. — ئەنەس ئالىم

  5. تَنْزِيلَ الْعَزِيزِ الرَّحِيمِ
    قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    قۇرئان، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ قۇرئاننى ئەزىز ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھ نازىل قىلدى، — ئەنەس ئالىم

    (5-6) شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاننى ساڭا، ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن غاپىل قالغان مەككە ئاھالىسىنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ھەر نەرسىگە قادىر ۋە بەندىلىرىگە مېھرىبان ئاللاھ نازىل قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋەتكە باشلىغاندا مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كۆپچىلىكى تەرسالىق قىلىپ ئۇنىڭغا: «سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەمەس» دەپ قاتتىق قارشى چىققان ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە ئۇ مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أُنْذِرَ آبَاؤُهُمْ فَهُمْ غَافِلُونَ
    قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن غاپىل قالغان قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن. — ئەنەس ئالىم

  7. لَقَدْ حَقَّ الْقَوْلُ عَلَىٰ أَكْثَرِهِمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە سۆز ھەق بولدى[1]. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكىگە مېنىڭ: «مەن جەھەننەمنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن مەنىدىكى سۆزۈم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى، چۈنكى ئۇ كۆپچىلىك ئىبلىسنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ، شۇنداقلا دوزاخقا لايىق بولىدۇ. دەرۋەقە ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھ تائالا بەرگەن تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ياماننى تاللاپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدۇ، پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئازاب قىلىش ھەققىدىكى سۆزى ئىجرا قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (36-سۈرە ياسىن، 8-ئايەت) قەلبلەرنىڭ پېچەتلىنىش غەپلەت
    إِنَّا جَعَلْنَا فِي أَعْنَاقِهِمْ أَغْلَالًا فَهِيَ إِلَى الْأَذْقَانِ فَهُمْ مُقْمَحُونَ
    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگۈچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقكە) باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سالدۇق. بۇ تاقاقلار ئۇلارنىڭ ئىڭەكلىرىگە يېتىپ تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار باشلىرى كۆتۈرۈلۈپ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    (8-10) ئى مۇھەممەد! بىز كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرغان، ئايەتلەرگە قارىمىغان، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغان ئۇ تەرسا مۇشرىكلارنى خۇددى بۇيۇنلىرىغا تاقاق سېلىنغانلىقى ۋە ئالدى - كەينىدە توسۇقلار قىلىنغانلىقى ئۈچۈن باشلىرىنى مىدىرلىتىپ ياكى ئېڭىشىپ ئالدىغا ۋە يانلىرىغا قارىيالمىغان، شۇنداقلا ھېچ نەرسە كۆرەلمىگەن ئادەملەرگە ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدۇق. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ ۋە ئۇنى تاپالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن ياكى ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر؛ ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (36-سۈرە ياسىن، 9-ئايەت) قەلبلەرنىڭ پېچەتلىنىش غەپلەت
    وَجَعَلْنَا مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَاهُمْ فَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
    ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، ئارقىسىدا بىر توسۇق پەيدا قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆرمەيدۇ[2]. — ئەنەس ئالىم

  10. (36-سۈرە ياسىن، 10-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى غەپلەت
    وَسَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  11. إِنَّمَا تُنْذِرُ مَنِ اتَّبَعَ الذِّكْرَ وَخَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ ۖ فَبَشِّرْهُ بِمَغْفِرَةٍ وَأَجْرٍ كَرِيمٍ
    سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن، ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل ساۋاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن قۇرئانغا ئەگەشكەن ۋە رەھماننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن كىشىنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن[3]. ئۇنداق كىشىگە گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئېسىل مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن تەبلىغنى بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاشلا قىلساڭمۇ، ھەممەيلەننى ئوخشاشلا ھەقىقەتكە دەۋەت قىلساڭمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەرنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن؛ ئەسلىدە سەن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھەممىگە قىلساڭمۇ، لېكىن سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن ۋە ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەرگىلا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەن نەتىجىدە بۇ كىشىلەرنىلا ئاگاھلاندۇرغان بولىسەن. ئاللاھ ئۇنداق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە ئېسىل مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، سەن ئۇلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى بەرگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآثَارَهُمْ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُبِينٍ
    بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەر -لەۋھۇلمەھپۇز- دا تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى يازىمىز. بىز ھەر نەرسىنى روشەن دەپتەردە بىر - بىرلەپ خاتىرىلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز قىيامەت كۈنى قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى، ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىنى ئېلىش، شۇنداقلا ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن چوقۇم تىرىلدۈرىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى دۇنيادا ھايات چاغدا قىلغان ياخشى - يامان بارلىق ئىشلىرىنى يازىمىز، ئۇلار ھايات چېغىدا قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ۋە ئۆلۈمىدىن كېيىنمۇ جارى بولۇپ تۇرىدىغان پايدىلىق ئىلىم ۋە «سەدىقە جارىيە»...گە ئوخشاش ياخشى ئىشلارنىڭ ساۋابىدىن، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىققا ئوخشاش يامان ئىشلارنىڭ گۇناھىدىن ئۇلارنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە يازىمىز. بىز ھەر نەرسىنى روشەن دەپتەردە (لەۋھى مەھفۇزدا) بىر - بىرلەپ خاتىرىلىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلًا أَصْحَابَ الْقَرْيَةِ إِذْ جَاءَهَا الْمُرْسَلُونَ
    ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا شەھەر - يەنى ئەنتاكىيە- ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مەلۇم يۇرت ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئەلچىلەر كەلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مەلۇم يۇرت ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ بەرگىن؛ ئۇ يۇرتقا بىز ئەۋەتكەن ئەلچىلەر كەلگەن، ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۇلارنى ئىنكار قىلغان ۋە بۇ سەۋەبتىن ھالاك قىلىنغان چاغدا بولۇپ ئۆتكەن ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى قەۋمىڭگە يەتكۈزگىن، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. إِذْ أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمُ اثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوا إِنَّا إِلَيْكُمْ مُرْسَلُونَ
    ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچىسى بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر -ئۇلارغا-: «بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارغا ئىككى كىشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى ئەلچىنى يالغانچى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئىككى ئەلچىنى ئۈچىنچى ئەلچى بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئۇ ئەلچىلەر ئۇلارغا: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇ ئاھالىگە ئىككى كىشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئەلچىلىرىمىز كېلىپ ئۇلارنى شېرىكتىن توستى ۋە تەۋھىدكە دەۋەت قىلدى، ئۇلار ئۇ ئىككى ئەلچىنى ئىنكار قىلدى، دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىدى ۋە قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئۈچىنچى بىر ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇ ئىككى ئەلچىنى كۈچلەندۈردۇق؛ ئۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچىلەرنى قوللىدۇق ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلدۇق، ئاندىن بۇ ئۈچ ئەلچى ئۇ يۇرت ئاھالىسىگە: «ئى ئاھالە! شۈبھىسىزكى، بىز - ئۈچىمىز ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بولىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. قَالُوا مَا أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا وَمَا أَنْزَلَ الرَّحْمَٰنُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَكْذِبُونَ
    ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۇ ئەلچىلەرگە: «سىلەر خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر. رەھمان ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى. سىلەر پەقەتلا يالغان سۆزلەۋاتىسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۇ ئەلچىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا: «سىلەر خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان؛ سىلەر بىلەن باشقا ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئاللاھ باشقىلار تۇرغۇچىدا سىلەرنى ئەلچىسى قىلامدۇ؟ ياق، مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئەلچى قىلغىنى ۋە سىلەرگە بىرەر ۋەھىي نازىل قىلغىنى يوق. سىلەر پەقەتلا يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر؛ سىلەرنىڭ: ‹بىز ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى› دېگەن سۆزۈڭلار پەقەت قۇرۇق دەۋادىنلا ئىبارەت» دەپ رەددىيە بەردى. دەرۋەقە تارىخ بويىچە پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققان تەرسالار ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلغان. مەسىلەن: نۇھ ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققانلار، ھۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان ئاد قەۋمى، سالىھ ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان سەمۇد قەۋمى، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان ئەيكەلىكلەر، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانلاردىن تاللانغانلىقىنى باھانە كۆرسىتىپ ئىنكار قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. قَالُوا رَبُّنَا يَعْلَمُ إِنَّا إِلَيْكُمْ لَمُرْسَلُونَ
    ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلچىلەر: «رەببىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچىلەر مۇنداق دېدى: «رەببىمىز بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز. — ئەنەس ئالىم

    (16-17) ئۇ ئەلچىلەر ئۇ ئاھىلىنىڭ بۇ رەددىيەسىگە: «بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە سىلەرگە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگىمىز - ئاللاھ بىلىدۇكى، شەك - شۈبھىسىز، بىز راستتىنلا ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىدۇرمىز، ۋەزىپىمىز سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتىنلا ئىبارەتتۇر» دەپ جاۋاب بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. وَمَا عَلَيْنَا إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
    بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر». — ئەنەس ئالىم

  18. قَالُوا إِنَّا تَطَيَّرْنَا بِكُمْ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهُوا لَنَرْجُمَنَّكُمْ وَلَيَمَسَّنَّكُمْ مِنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار -ئەلچىلەرگە- : «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر -دەۋىتىڭلارنى- توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «سىلەر بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كەلدىڭلار. ئەگەر بۇ ئىشتىن توختىمىساڭلار، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىمىز ۋە بىز تەرەپتىن ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئاھالە ئەلچىلەرگە: «سىلەر سەۋەبلىك بىز شۇملۇققا مۇپتىلا بولدۇق؛ سىلەر بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كەلدىڭلار، سىلەر يۇرتىمىزدا بولغانلىقىڭلار، بىزنىڭ يولىمىزغا قارشى چىققانلىقىڭلار ۋە ئىختىلاپ تېرىپ بىرلىكىمىزنى بۇزغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بىز بەختسىزلىككە ئۇچرىدۇق. ئەگەر بىزنىڭ يولىمىزنى ئەيىبلەشتىن ۋە بىزنى ئۆزۈڭلارنىڭ يولىغا چاقىرىشتىن توختىمىساڭلار، بىز سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىمىز ۋە ئېغىر ئازابقا دۇچار قىلىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. قَالُوا طَائِرُكُمْ مَعَكُمْ ۚ أَئِنْ ذُكِّرْتُمْ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ
    ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلچىلەر: «شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلىنسا شۇم پال ئالامسىلەر؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچىلەر: «شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر. سىلەرگە ھەق ئەسلىتىلسىمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟ بەلكى سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئەلچىلەر ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر؛ شۇملۇقۇڭلارنىڭ سەۋەبى بىز ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزۈڭلارنىڭ كۇفرىلىقىڭلار ۋە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشىڭلاردۇر. بىز سىلەرنى بەخت - سائادىتىڭلار بولغان يولغا چاقىرىۋاتىمىز، سىلەرگە كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلىۋاتىمىز، بىز مۇشۇنداق قىلىۋاتساقمۇ سىلەر يەنىلا بىزنى بەختسىزلىكىڭلارنىڭ سەۋەبى كۆرەمسىلەر؟ بىزنى چالما - كېسەك قىلىش ۋە ئېغىر ئازابقا دۇچار قىلىش بىلەن تەھدىت قىلامسىلەر؟ ئەسلىدە سىلەر ھەددىڭلاردىن ئاشقان قەۋمسىلەر؛ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەۋاتقان، ھەققانىيەتكە قارشى چىقىۋاتقان ۋە گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمۈپ كەتكەن ئادەملەرسىلەر!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (36-سۈرە ياسىن، 20-ئايەت) ئىمان رەسۇلغا ئەگىشىش
    وَجَاءَ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَىٰ قَالَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُوا الْمُرْسَلِينَ
    شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى -ھەبىب نەجار- يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئەلچىلەرگە ئەگىشىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    (20-25) ئاھالىنىڭ مەزكۇر ئۈچ ئەلچىگە قارشى چىقىپ، ئاخىرى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتلىق خەۋىرى ئۇ يۇرتنىڭ مەركىزىگە ئەڭ يىراق تەرىپىدىكى مۇئمىن بىر كىشىگە يېتىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى شەھەر مەركىزىگە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاھالىگە مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھ سىلەرگە ئەۋەتكەن بۇ ئەلچىلەرگە ئەگىشىڭلار؛ سىلەرنى ھەقىقەتكە چاقىرىغانلىقى ئۈچۈن سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغان، يەنە كېلىپ توغرا يولدا مېڭىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار. مەن نېمىشقا مېنى يوقتىن ياراتقان ئاللاھقا چوقۇنمايمەن! ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆلۈپ كېتىسىلەر ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. مەن ئۇ ئاللاھنى قويۇپ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنامدىم؟ ئەگەر مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ باتىل ئىلاھلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسە دەپئى قىلالمايدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئاللاھ ماڭا ئىرادە قىلغان زىياندىن مېنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنداقتا، مەن ئۇ ئىلاھلارغا چوقۇنغان تەقدىردە ئوچۇق ئازغۇنلۇققا چۆمگەن بولىمەن. ئى قەۋمىم! مەن، سىلەرنى يوقتىن ياراتقان، باشقۇرۇۋاتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشىتىۋاتقان ئىگەڭلار - ئاللاھقا ئىمان كەلتۈردۈم. سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار؛ سىلەرمۇ ماڭا ئەگىشىپ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار ۋە بۇ ئەلچىلەرگە ئەگىشىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. اتَّبِعُوا مَنْ لَا يَسْأَلُكُمْ أَجْرًا وَهُمْ مُهْتَدُونَ
    توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    توغرا يولدا بولغان ۋە سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغانلارغا ئەگىشىڭلار. ئۇلار توغرا يولدىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  22. وَمَا لِيَ لَا أَعْبُدُ الَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟ — مۇھەممەد سالىھ

    مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان زاتقا ئىبادەت قىلمايمەن! سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

  23. (36-سۈرە ياسىن، 23-ئايەت) شاپائەت شېرىك
    أَأَتَّخِذُ مِنْ دُونِهِ آلِهَةً إِنْ يُرِدْنِ الرَّحْمَٰنُ بِضُرٍّ لَا تُغْنِ عَنِّي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا وَلَا يُنْقِذُونِ
    مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالامدىمەن؟ ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن ئۇنى قويۇپ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنامدىم؟ ئەگەر رەھمان ماڭا بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ئۇلارنىڭ شاپائىتى ماڭا قىلچە پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۆزلىرىمۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  24. (36-سۈرە ياسىن، 24-ئايەت) ئازغۇنلۇق
    إِنِّي إِذًا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولسام، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن ئۇ تەقدىردە ئوچۇق ئازغۇنلۇققا چۆمگەن بولىمەن. — ئەنەس ئالىم

  25. (36-سۈرە ياسىن، 25-ئايەت) شېھىتلىك ئىمان
    إِنِّي آمَنْتُ بِرَبِّكُمْ فَاسْمَعُونِ
    مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، (ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار)» — مۇھەممەد سالىھ

    مەن ھەقىقەتەن رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا ئىشەندىم. ماڭا قۇلاق سېلىڭلار». — ئەنەس ئالىم

  26. قِيلَ ادْخُلِ الْجَنَّةَ ۖ قَالَ يَا لَيْتَ قَوْمِي يَعْلَمُونَ
    (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇنىڭغا :«جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم بىلسە ئىدى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى[4]. ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: «كاشكى قەۋمىم بىلسە ئىدى: — ئەنەس ئالىم

    (26-27) ئۇ ئەسنادا ئۇ ئادەملەر ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ كىشى ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى، كەلتۈرگەن ئىمانى ۋە ئېلىپ بارغان كۈرىشى ئۈچۈن مۇكاپاتلاپ: «جەننەتكە كىرگىن» دېدى. ئۇ كىشى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنى كۆرۈپ: «كاشكى قەۋمىم ئىگەم - ئاللاھنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشمنىڭ ۋە ھەقىقەتكە دەۋەت قىلىشىمنىڭ سەۋەبىدىن ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى ئىمان كەلتۈرۈپ بۇ نېمەتلەرگە لايىق بولغان بولاتتى!» دېدى. ئاللاھ تائالا شېھىتلەرنى قىيامەت قايىم بولۇشتىن ۋە ھېساب - كىتابتىن ئىلگىرى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شېھىتلەر قىيامەتكىچە جەننەتتە خالىغان يېرىدە نېمەتلەردىن خالىغىنىچە بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ كىشىمۇ قەۋمى تەرىپىدىن شەھىد قىلغان ۋە جان ئۈزگەندىن كېيىن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئەسكەرتىش: مۇئمىن ئەنە شۇ كىشىدەك ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئويلايدۇ، مىللىتىنىڭ ۋاپاسىزلىقى، ئەزىيىتى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشىگە پەرۋا قىلماي ئۇلارنى نىجاتلىق يولىغا دەۋەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن مىللىتىگىمۇ جەننەت نېمەتلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇ كىشى ھەقىقىي مۇئمىننىڭ ئۆرنىكىدۇر. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ئۇ كىشىنىڭ قەۋمىگە ئېيتقان سۆزلىرىدە ئىشلەتكەن ئۇسلۇب دەۋەت ئۇسۇلى توغرىسىدا يول كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئۇ كىشى بەزى يەردە قەۋمىگە بىۋاسىتە خىتاب قىلغان، بەزى يەردە ئۆزىگە گەپ قىلغان بولۇپ قەۋمىنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان. دېمەككى، دەۋەتتە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى، پوزىتسىيەسىنى ۋە كەيپىياتىنى دىققەتكە ئېلىپ تۇرۇپ ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (36-سۈرە ياسىن، 27-ئايەت) رەھمەت ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى
    بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُكْرَمِينَ
    (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن قىلغانلىقىنى». — ئەنەس ئالىم

  28. وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ جُنْدٍ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا كُنَّا مُنْزِلِينَ
    ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىگە ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرمىدۇق، چۈشۈرگۈچىمۇ بولمىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرمىدۇق. بىز چۈشۈرمەيتتۇق. — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ) ئۇ قەۋم ئۆزىگە نەسىھەت قىلغان مەزكۇر كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئۇ قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتتۇق، ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن بىرەر قوشۇن چۈشۈرمىدۇق. بىز بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتمەكچى بولساق، ئۇلارنى ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرۈپ ھالاك قىلمايمىز، ئەكسىچە ئازاب ئەۋەتىپ ھالاك قىلىمىز. پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغان بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرۈش بىزنىڭ قانۇنىمىز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (36-سۈرە ياسىن، 29-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب سۇر چىلىنىشى
    إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ خَامِدُونَ
    پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ جازاسى دەھشەتلىك ئاۋازدىنلا ئىبارەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردىنلا ئۆچۈپ قېلىشتى[5]. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەنلا ھالاك قىلدۇق؛ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئاۋاز ئەۋەتتۇق، ئاۋازنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇلار بىردىنلا ئۆلۈپ ھەممىسى ئۆچۈپ قالغان ئوتتەك بولۇپ كەتتى. بۇ يەردە «ئۆچۈپ قالماق» دېگەن سۆز مەجازىي (كۆچمە) مەنىدە بولۇپ، بۇ ئىپادە ئۇلارنىڭ ئۇ قورقۇنچلۇق ئاۋازدىن كېيىن بىردىنلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، قاتتىق لاۋۇلداپ كۆيگەن ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالغاندىن كېيىنكى كۈل ھالىتىگە ئوخشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئەسكەرتىش: ئۇ يۇرتنىڭ قەيەرلىكى، ئۇ ئاھالىنىڭ كىملىكى، ئۇ ئەلچىلەرنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. قىسسە، ئاڭلىغانلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن بايان قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە بۇ قىسسەنىڭ زامانى، ماكانى، ئاھالىنىڭ، شەھىد قىلىنغان كىشىنىڭ ۋە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنىڭ ئىسىملىرى زىكىر قىلىنمىغان. لېكىن تەپسىرلەردە بۇ يۇرتنىڭ «ئانتاكىيە»، ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ رىۋايەتلەر ئېھتىمالدىن يىراقتۇر، چۈنكى 14 - ئايەتتە ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەۋەتكەنلىكى ئېنىق بىلدرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا 13 ~ 29 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارغا ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرۈشتە ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە قارشى چىقىشتا ئەزۋەيلەپ ھالاك قىلىنغان بىر يۇرت ئاھالىسىنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. 30 ~ 32 - ئايەتلەردە بولسا، تارىختا ھالاك قىلىنغان بارلىق قەۋملەرنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار ۋە مەسخىرە قىلىپ ھالاك قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىقىنى ۋە ھالاك قىلىنغانلىقىنى، ئۇلار نىجات تېپىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق ھالاك بولۇش يولىنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېچىنىشقا لايىق بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. يَا حَسْرَةً عَلَى الْعِبَادِ ۚ مَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىسىت! شۇ بەندىلەرگە. ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى مەسخىرە قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغان بەندىلەر، جۈملىدىن يۇقىرىدىكى (13 ~ 29 -) ئايەتلەردە قىسسەسى بايان قىلىنغان ئاھالە، ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىشكە ۋە باشقىلارنىڭ ھەسرەت چېكىشىگە لايىقتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئازابى قاتتىق، زىيىنى چوڭ، شۇنداقلا مۇسىبىتى ئېغىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنَ الْقُرُونِ أَنَّهُمْ إِلَيْهِمْ لَا يَرْجِعُونَ
    ئۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى دۇنياغا ئەبەدىي) قايتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا ئەبەدىي قايتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار كۆرمىدىمۇ؟ بىز بۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىز بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان قەۋملەرنى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىۋەتتۇق، بۇ مۇشرىكلار بۇنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن نېمىشقا ئىبرەت ئالمايدۇ؟! نېمىشقا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئويلىمايدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (36-سۈرە ياسىن، 32-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھقا قايتىش
    وَإِنْ كُلٌّ لَمَّا جَمِيعٌ لَدَيْنَا مُحْضَرُونَ
    ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم قىلىنىپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    پەيغەمبەرلىرىمىزگە قارشى چىققانلارنى بىزنىڭ بۇ دۇنيادا ھالاك قىلىشىمىز، ئۇلارغا بېرىدىغان جازايىمىزنىڭ ھەممىسى ئەمەس، شۇڭلاشقا بىز ئۇلارنى ۋە قىيامەتكە قەدەر دۇنياغا كەلگەن ھەر كىشىنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھەممەيلەننى ھۇزۇرىمىزدا جەمئى قىلىمىز، ئاندىن ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ھەقىقىي جازاسىنى بېرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىزگە ئەگەشكەنلەرنى مۇكاپاتلايمىز. ئاللاھ تائالا 30 ~ 32 - ئايەتلەردە تارىختا ھالاك قىلىنغان بارلىق قەۋملەرنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرنى ئىنكار ۋە مەسخىرە قىلىپ ھالاك قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىقىنى ۋە ھالاك قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 33 ~ 44 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىۋاتقان ئۇ مۇشرىكلارغا ئۆزىنىڭ قۇدرەت ۋە رەھمىتىنى، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى شۈكۈر قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (36-سۈرە ياسىن، 33-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر رىزىق
    وَآيَةٌ لَهُمُ الْأَرْضُ الْمَيْتَةُ أَحْيَيْنَاهَا وَأَخْرَجْنَا مِنْهَا حَبًّا فَمِنْهُ يَأْكُلُونَ
    ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆلۈك زېمىننى يامغۇر بىلەن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلار ئۈچۈن بىر دەلىلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۈچۈن بىر دەلىل ئۆلۈك زېمىندۇر. بىز ئۇنى تىرىلدۈردۇق ۋە ئۇنىڭدىن ئاشلىق چىقاردۇق. ئۇلار ئەنە شۇ ئاشلىقتىن يەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار بىزنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىمىزنى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، ئۆلۈك زېمىن ئۇ مۇشرىكلارغا بىزنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قۇدرىتىمىزنىڭ يېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدىغان بىر دەلىلدۇر؛ بىز ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۆسۈملۈك ئۈندۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق ۋە ئۇ زېمىندىن تۈرلۈك ئاشلىقلارنى چىقاردۇق. ئۇ مۇشرىكلار ئۇ ئاشلىقلاردىن يەپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى يەۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ ئاسماندىن سۇ چۈشۈش بىلەن ئۆلۈك زېمىن جانلىنىپ ئۈندۈرگەن ئۆسۈملۈكلەردىن چىققانلىقىغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىسا، بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ ۋە رەھمىتىمىزنىڭ كەڭ، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (36-سۈرە ياسىن، 34-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى رىزىق
    وَجَعَلْنَا فِيهَا جَنَّاتٍ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ وَفَجَّرْنَا فِيهَا مِنَ الْعُيُونِ
    بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ زېمىندا خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردۇق، ئۇنىڭدا بۇلاقلارنى ئېقىتىپ چىقاردۇق. — ئەنەس ئالىم

    (34-35) شۇنىڭدەك، بىز ئۇ سۇ بىلەن زېمىندا خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈردۇق، زېمىندا بۇلاقلارنى چىقىرىپ ئۇ باغلارنىڭ ئىچىدە ئېقىتتۇق. بىز بۇلارنى، بەندىلەر ئۇ باغلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېسۇن دەپ قىلدۇق . ئۇ مېۋىلەرنى ئۇلارنىڭ قوللىرى ئىشلەپچىقارمىدى، ئەكسىچە بىز ياراتتۇق. ئۇلار بىز ئاتا قىلغان ئۇ نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇقلۇق نېمىشقا بىزگە ئىتائەت قىلمايدۇ؟! نېمىشقا ئىبادەتنى بىزگە قىلمايدۇ؟! ئەسلىدە مۇشرىكلار بىزنىڭ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ قاقاس يەرنى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن جانلاندۇرغانلىقىمىزنى، شۇنداقلا تۈرلۈك زىرائەتلەرنى، خىلمۇخىل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ ئۇلاردىن ئاشلىقلارنى ۋە مېۋىلەرنى چىقىرىپ ئىنسانلارنى، جۈملىدىن ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىنى رىزىق بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىمىزنى بىلىدۇ، لېكىن ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىشقا يەتكەن قۇدرەتنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكىمۇ يېتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ قۇدرەت ئىگىسى (ئاللاھ)نىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يېگانە مەبۇد بولۇشى لازىملىقىنى ئويلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (36-سۈرە ياسىن، 35-ئايەت) رىزىق شۈكۈر
    لِيَأْكُلُوا مِنْ ثَمَرِهِ وَمَا عَمِلَتْهُ أَيْدِيهِمْ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
    ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يېسۇن، (بۇ مېۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېسۇن، بۇ مېۋىلەرنى ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىدىن ۋە ئۆز قوللىرى ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەردىن يېسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدۇق. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  36. سُبْحَانَ الَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنْبِتُ الْأَرْضُ وَمِنْ أَنْفُسِهِمْ وَمِمَّا لَا يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ (پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان زات پاكتۇر. ئۇ جۈپلەر زېمىن ئۈندۈرۈۋاتقان نەرسىلەردىن، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ۋە ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    زېمىن ئۈندۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئىنسانلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى جۈپ قىلىپ ياراتقان ئاللاھ ئەيىب ۋە نۇقساندىن نېمىدېگەن پاك، ئوخشىشى بولۇشتىن نېمىدېگەن ئۈستۈن ۋە شېرىكى بولۇشتىن نېمىدېگەن يىراقتۇر! ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى جۈپ يارىتىشى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، بەندىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. وَآيَةٌ لَهُمُ اللَّيْلُ نَسْلَخُ مِنْهُ النَّهَارَ فَإِذَا هُمْ مُظْلِمُونَ
    ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز ـ دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز ـ دە)، ئۇلار شۇھامان قاراڭغۇدا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا يەنە بىر دەلىل كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز ـ دە، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۈچۈن يەنە بىر دەلىل كېچىدۇر. بىز ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى سويۇپ ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردىنلا قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    كېچە ئۇلار ئۈچۈن يەنە بىر دەلىلدۇر؛ بىزنىڭ كېچىنى قاراڭغۇ، كۈندۈزنى يورۇق يارىتىشمىز ۋە كېچىدىن كۈندۈزنى ھايۋاننىڭ تېرىسىنى سويغاندەك سويۇپ ئېلىۋېتىپ، كېچىنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنى بىردىنلا قاراڭغۇدا قويۇشىمىز، قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قۇدرىتىمىزنىڭ يېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بەندىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا لايىق بىردىنبىر مەبۇد ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. وَالشَّمْسُ تَجْرِي لِمُسْتَقَرٍّ لَهَا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
    كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇياش ئۆز قارارگاھىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەزىز ۋە بىلىملىك زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    قۇدرىتى ئۇلۇغ ۋە ئىلمى چەكسىز ئاللاھنىڭ بەلگىلىشى بىلەن، ئۆز قارارگاھىدا ئايلىنىپ تۇرىدىغان قۇياش ئۇلار ئۈچۈن باشقا بىر دەلىلدۇر؛ قۇياشنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە نىزام بىلەن ئايلىنىپ تۇرۇشى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. وَالْقَمَرَ قَدَّرْنَاهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَالْعُرْجُونِ الْقَدِيمِ
    ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ -ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا- خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئايغا مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق. ئۇ ئاخىرىدا خورمىنىڭ كونا ساپىقىغا ئوخشاپ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئايمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر دەلىلىدۇر؛ بىز ئايغا مەنزىللەر بەلگىلىدۇق، ئاي زېمىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىش جەريانىدا ھەر كېچە بىر مەنزىلگە چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇياش نۇرى چۈشىدىغان يېرى ئۆزگىرىدۇ، نەتىجىدە ئاي دەسلەپتە ياي شەكلىدە كىچىك كۆرۈنىدۇ، ئاندىن ھەر كۈنى بىرئاز يوغىناپ ئاخىرى تولۇن بولىدۇ، ئاندىن يەنە بارغانسېرى كىچىكلەپ ئاخىرىدا خورمىنىڭ كونا ساپىقىغا ئوخشاپ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. لَا الشَّمْسُ يَنْبَغِي لَهَا أَنْ تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
    كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى ياكى كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇياش ئايغا يېتىشەلمەيدۇ، كېچە كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قۇياش بىلەن ئاي ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان بويىچە ئەنە شۇنداق ئايلىنىپ تۇرىدۇ؛ قۇياش ئاينىڭ ئالدىدا، ئاي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ. قۇياش ئايغا يېتىشىۋالالمايدۇ؛ ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىگەن مۇساپە بولغانلىقتىن ئىككىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ قالمايدۇ. كېچە كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ؛ كۈندۈزگە تەۋە ۋاقىتتا كېچە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلەن ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ؛ قۇياش، زېمىن ، ئاي ۋە كېچە - كۈندۈزنىڭ بارلىقى ۋە ھەرىكەتلىرى قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. خۇلاسە: قاغجىراپ ئۆلۈك ھالەتكە كەلگەن زېمىننىڭ، ئۈستىگە سۇ چۈشۈشى بىلەن جانلىنىپ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈشى، ئۈنگەن ئۆسۈملۈكلەردىن تۈرلۈك زىرائەتلەر، خىلمۇخىل باغلار يېتىشىپ ئاشلىق، ئوتياش ۋە مېۋىلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ۋە ئۇزىرىپ - قىسقىرىش بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى، قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئىنتىزاملىق شەكىلدە ئايلىنىپ تۇرۇشى... قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىگە ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە ناھايىتى كۈچلۈك دەلىلدۇر. ئۇ دەلىللەرنى پەقەت ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلغان كىشىلەرلا تونۇپ يېتەلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (36-سۈرە ياسىن، 41-ئايەت) نوھ
    وَآيَةٌ لَهُمْ أَنَّا حَمَلْنَا ذُرِّيَّتَهُمْ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
    ئۇلارغا (بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئورۇق - ئەۋلادىنى (يۈكلەر بىلەن) توشقۇزۇلغان كېمىسىگە چۈشۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا يەنە بىر دەلىل شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى توشقۇزۇلغان كېمىگە چۈشۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۈچۈن يەنە بىر دەلىل شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ نەسلىنى توشقۇزۇلغان كېمىدە توشۇدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىزنىڭ ئۇلارنىڭ نەسلىنى توشقۇزۇلغان كېمىدە توشۇشىمىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن يەنە بىر دەلىلدۇر؛ بىزنىڭ ئۇلارغا دېڭىزلارنى ۋە كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بېيىشىمىز ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنىڭ تىجارەت قىلىش، ساياھەت قىلىش، دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش، دېڭىزدىن ئۈنچە - مارجان ۋە مەرۋايىتلارنى چىقىرىش قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن، نەرسە - كېرەك، يۈك ۋە يولۇچىلار بىلەن توشقۇزۇلغان كېمىلەردە ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىشى، قىتئەدىن قىتئەگە ۋە رايوندىن رايونغا بېرىشى... قاتارلىقلار، ئۇلارغا بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى، رەھمىتىمىزنى، قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قۇدرىتىمىزنىڭ يېتىدىغانلىقىنى ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى «توشقۇزۇلغان كېمە»نى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئالغان بىر جۈپتىن ھايۋانلار، مۇئمىنلار، ئائىلىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ يېمەك - ئچمەكلىرى بىلەن توشقۇزغان كېمە، «نەسىل» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «زۇررىيە - ذريت» كەلىمىسىنى «ئەجداد» دەپ چۈشىنىشمۇ مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. وَخَلَقْنَا لَهُمْ مِنْ مِثْلِهِ مَا يَرْكَبُونَ
    بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۈچۈن ئۇ كېمىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە مىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلار ئۈچۈن ئۇ كېمىگە ئوخشايدىغان باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ ۋاسىتىلەرگە مىنىپ خالىغان جايلىرىغا سەپەر قىلىدۇ؛ بىزنىڭ ئۇلارغا بۇ ۋاسىتىلەرنى يارىتىپ بېرىشىمىزمۇ ئۇلارغا كامالى قۇدرىتىمىزنى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئالدىنقى ئايەتتىكى «توشقۇزۇلغان كېمە» نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى بولغان تەقدىردە، بۇ ئايەتتىكى «ئۇ كېمىگە ئوخشايدىغان باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى» باشقا كېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ناۋادا ئۇ ئايەتتىكى «توشقۇزۇلغان كېمە» ئادەتتە دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان كېمە ۋە پاراخوتلارنى ئىپادىلىسە، بۇ ئايەتتىكى «ئۇ كېمىگە ئوخشايدىغان باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى» تۆگە، ئات، قېچىر، ئېشەك، پىل ۋە ئاللاھنىڭ ئىلھام قىلىشى بىلەن ئىنسانلار ياسىغان تۈرلۈك ئاپتوموبىل ۋە پويىزلار... قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. وَإِنْ نَشَأْ نُغْرِقْهُمْ فَلَا صَرِيخَ لَهُمْ وَلَا هُمْ يُنْقَذُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ دادىغا يەتكۈچى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇلار قۇتقۇزۇلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىز ئەگەر ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىشنى خالىساق غەرق قىلىۋېتىمىز. ئۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ياردەمچىمۇ، قۇتقۇزغۇچىمۇ تاپالمايدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ھېچكىم تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلماي ھالاك بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. (36-سۈرە ياسىن، 44-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى رىزىق
    إِلَّا رَحْمَةً مِنَّا وَمَتَاعًا إِلَىٰ حِينٍ
    پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن (ئۇلار قۇتۇلدۇرۇلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن -ئۇلار قۇتۇلدۇرۇلىدۇ- — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن بىز مەرھەمەت قىلىمىز ۋە بىر مۇددەتكىچە بەھرىمەن قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم

    لېكىن بىز ئۇلارنى ئۆز ئىلتىپاتىمىز بىلەن مەرھەمەت قىلىپ غەرق قىلىۋەتمەيمىز، ئۇلارنى بىز بەلگىلىگەن ئەجەل توشقۇچە نېمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلىمىز؛ ئۇلار ئەجىلى توشقۇچىلىك تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتسە ئەپۇ قىلىمىز، ئەگەر ئەجىلى توشقۇچىلىك كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىسە جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّقُوا مَا بَيْنَ أَيْدِيكُمْ وَمَا خَلْفَكُمْ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
    ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ئازابىدىن) ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن قورقۇڭلار» دېيىلسە — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «ئالدىڭلاردىكى ۋە ئارقاڭلاردىكى نەرسىلەردىن قورقۇڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر» دېيىلسە، — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلارغا: «ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆتمۈشتە پەيغەمبەرلىرىگە قارشى چىقىپ ھالاك بولغان قەۋملەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بالالارنىڭ ئوخشىشىغا يولۇقۇشتىن ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم بولۇشتىن قورقۇڭلار؛ شېرىكتىن تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا كېلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار قۇلاق سالمىدى، پەرۋا قىلمىدى، كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. وَمَا تَأْتِيهِمْ مِنْ آيَةٍ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
    پەرۋەردىگارىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا قاچان ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كەلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلارغا قاچان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت يەتكۈزۈلسە، ئۇلار ئۇ ئايەتتىن يۈز ئۆرۈدى، ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلماستىن ئىنكار قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنُطْعِمُ مَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ أَطْعَمَهُ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۆمىنلەرگە (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئەگەر ئاللاھ خالىسا رىزىق تەمىنلەيدىغان ئادەمنى بىز تەمىنلەمدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۇئمىنلارغا : «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئاچلىقىنى كەتكۈزىۋېتىدىغان ئادەمنى بىز تويغۇزامدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىڭلار» دېيىلسە، كافىرلار مۇئمىنلارغا: «ئاللاھ خالىسا تائام بېرىدىغان كىشىگە بىز تائام بېرەمدۇق؟ سىلەر ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دەيدۇ[6]. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقتىن پېقىر - مىسكىنلەرگە بېرىڭلار ۋە ياخشى يوللارغا چىقىم قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇ كافىرلار ئۇ سۆزنى ئېيتقان مۇئمىنلارغا: «ئاللاھ خالىسا تائام بېرىدىغان كىشىگە بىز تائام بېرەمدۇق؟ سىلەر ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دەيدۇ. مۇشرىكلار ئېكنىلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكلىرىدىن مۇئەييەن بىر مىقدارنى ئايرىپ: «بۇ ئاللاھنىڭدۇر» دەيتتى ۋە بۇ مىقدارنى موھتاجلارغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. مۇئمىنلار ئۇ مۇشرىكلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقتىن ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىغىنىڭلارنى موھتاجلارغا بېرىڭلار» دېسە، ئۇلار بۇ سۆزنى قىلغان مۇئمىنلارغا: «ئاللاھ تائام بەرمىگەن كىشىگە بىز تائام بېرەمدۇق!» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى قىلىپ مەسخىرە قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ناشايان سۆزنى ئېيتقانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 45 ~ 47 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ كۇفرىلقىتا ئەزۋەيلەۋاتقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. 48 ~ 54 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ باشقا بىر يامانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (36-سۈرە ياسىن، 48-ئايەت) ھىساب دىننى مەسخىرە قىلىش
    وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرى كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ: «ئى مۇھەممەد! ئى مۇھەممەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى! سىلەرنىڭچە بىز ئىمان كەلتۈرمىسەك ئازابقا دۇچار بولىمىز، شۇنداقمۇ! سىلەر بۇ دەۋايىڭلاردا راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئازاب بېشىمىزغا قاچان كېلىدۇ؟ بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار!» دەيدۇ. دەرۋەقە كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ جازاغا يولۇقىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلاپ مەسخىرە قىلغان ھالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا: «ئەگەر بۇ سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، سىلەر بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، قېنى!» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سوئالىغا ھەر قېتىم تېگىشلىك جاۋاب بېرىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (تۆۋەندە مەنىلىرى بېرىلگەن ئايەتلەردىمۇ) ئۇلارغا جاۋاب بېرىلىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (36-سۈرە ياسىن، 49-ئايەت) ھىساب ئۆلۈم سۇر چىلىنىشى
    مَا يَنْظُرُونَ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً تَأْخُذُهُمْ وَهُمْ يَخِصِّمُونَ
    ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا ـ سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا كۈتىدۇ، ئۇلار جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىر - بىرلىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشىپ تۇرغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلىدىغان دەھشەتلىك ئاۋازنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى ئىنكار قىلىۋاتقان، پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىۋاتقان بۇ كافىرلار، قىيامەتنىڭ باشلىنىشىدىكى دەھشەتلىك بىر ئاۋازنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ ئاۋاز، ئۇلار بازارلاردا، ئىش ئورۇنلىرىدا ۋە ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىدە بىر - بىرلىرى بىلەن دۇنيا ئىشلىرى توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشىپ تۇرغان چاغلىرىدا ئۇشتۇمتۇت كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. (36-سۈرە ياسىن، 50-ئايەت) ھىساب غەپلەت
    فَلَا يَسْتَطِيعُونَ تَوْصِيَةً وَلَا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ يَرْجِعُونَ
    ئۇلار بىر ـ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىر ـ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىرەر ۋەسىيەت قىلىشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاۋازنىڭ كېلىشى، قىيامەتنىڭ باشلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈشى بەك تېز ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ چاغدا بالا - چاقا ۋە يېقىن - يورۇقلىرىغا بىرەر تاپشۇرۇق (ۋەسىيەت) قالدرۇشقىمۇ، ئائىلىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، ھەركىم تۇرغان يېرىدە قورقۇنچتىن ئۆلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَإِذَا هُمْ مِنَ الْأَجْدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يَنْسِلُونَ
    (ئىككىنچى قېتىملىق) سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇلار دەرھال قەبىرلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    سۇر بىرىنچى قېتىم چېلىنىپ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم چېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈكلەر دەرھال قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىش ئۈچۈن مەھشەرگە ناھايىتى تېز ماڭىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. (36-سۈرە ياسىن، 52-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھقا ئىشىنىش
    قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَنْ بَعَثَنَا مِنْ مَرْقَدِنَا ۜ ۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ وَصَدَقَ الْمُرْسَلُونَ
    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىمىزدىن) كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ (چۈنكى ئۇلار ئىككى سۇر ئارىسىدا ئۇيقۇدا بولۇپ ئازابتىن خالىي بولىدۇ)، (پەرىشتىلەر يا مۆمىنلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ (كۈن)، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ، ئۇلارغا: «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ۋايجان، بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟ بۇ رەھمان بېشىمىزغا كېلىشىنى سۆزلىگەن نەرسىدۇر. دېمەك، ئەلچىلەر توغرا سۆزلىگەن ئىكەن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادىكى چېغىدا قىيامەتنى ئىنكار قىلىپ ياشىغان ئۇ كافىرلار بىر - بىرىگە: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا، ئىسىت، ئەپسۇس! بىزنى ئۇيقۇمىزدىن كىم ئويغاتتى؟ بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟» دەيدۇ، مۇئمىنلار ۋە پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «بۇ، مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ ۋەدە قىلغان قايتا تىرىلىشتۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەر: ‹ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىش ھەقتۇر› دەپ راست ئېيتقان» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. (36-سۈرە ياسىن، 53-ئايەت) تىرىلىش سۇر چىلىنىشى
    إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ جَمِيعٌ لَدَيْنَا مُحْضَرُونَ
    پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بولىدىغان ئىش دەھشەتلىك بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرھال جەم قىلىنىپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    سۇر چېلىنىش دەھشەتلىك بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر، ئۇ ئاۋاز كەلگەن ھامان جىنلار، ئىنسانلار، بۇ ئىككى تائىپىدىن بۇرۇنقىلار ۋە كېيىنكىلەر - ھەممىسى قايتا تىرىلىپ جەم قىلىنىدۇ ۋە ھېساب ئۈچۈن ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. (36-سۈرە ياسىن، 54-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    فَالْيَوْمَ لَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا وَلَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچقانداق زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچقانداق زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ؛ ھېچكىمنىڭ ھېچبىر ياخشىلىقى مۇكاپاتسىز قالمايدۇ، ھېچكىم ئۆزى قىلمىغان گۇناھنىڭ جازاسىنى چەكمەيدۇ. ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۇ كۈنى پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسىلەر؛ ياخشىلىقىڭلارغا مۇكاپات، يامانلىقىڭلارغا جازا بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (36-سۈرە ياسىن، 55-ئايەت) جەننەتتىكى مۇكاپاتلار
    إِنَّ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ الْيَوْمَ فِي شُغُلٍ فَاكِهُونَ
    شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېمەت ئىچىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېمەت ئىچىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى جەننەت ئەھلى كۆڭۈل ئېچىش بىلەن مەشغۇلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈنى جەننەت ئەھلى جەننەتنىڭ تۈرلۈك نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بولۇپ كېتىدۇ، نېمەتلەرنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ؛ جەننەتكە ئورۇنلىشىپ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەردىن زوق ئېلىش، نېمەتلەرنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ۋە نېمەتلەرگە سۆيۈنۈش بىلەن بولۇپ باشقا بىرەر ئىشقا چولىسى تەگمەيدۇ، بىرەر كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. (36-سۈرە ياسىن، 56-ئايەت) جەننەتتىكى مۇكاپاتلار نىكاھ
    هُمْ وَأَزْوَاجُهُمْ فِي ظِلَالٍ عَلَى الْأَرَائِكِ مُتَّكِئُونَ
    1. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىللىرى <جەننەتلەرنىڭ>سايىلىرى ئاستىدا تەخىتلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.56 — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى جەننەتلەرنىڭ سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپلىرى سايىلاردا، تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپلىرى (جەننەتكە كىرگەن ئەرنىڭ ئايالى، ئايالنىڭ ئېرى) جەم بولۇپ، جەننەت دەرەخلىرىنىڭ سايىلىرىدا، مەخسۇس قويۇلغان تەختلەردە، ئۇ تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (36-سۈرە ياسىن، 57-ئايەت) جەننەتتىكى مۇكاپاتلار
    لَهُمْ فِيهَا فَاكِهَةٌ وَلَهُمْ مَا يَدَّعُونَ
    ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ جەننەتتە ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك مېۋە بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە كۆڭۈللىرى تارتقان تۈرلۈك مېۋىلەرگە ئېرىشىدۇ، ھەمدە ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە نېمە ئارزۇ قىلسا ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. سَلَامٌ قَوْلًا مِنْ رَبٍّ رَحِيمٍ
    مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مېھرىبان رەببى تەرىپىدىن ئۇلارغا «سالام» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئىنئامى كۆپ رەب تەرەپتىن «سالام!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا مەرھەمەتلىك رەب تەرەپتىن «سالام!» دېيىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلارغا سالام بېرىشى، ئۇلاردىن رازى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بولۇپ، بۇ جەننەتلىكلەر جەننەتتە ئېرىشىدىغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر. جەننەتنىڭ نېمەتلىرى - ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە مىسلىسىز خۇشاللىق بولۇپ، بۇنى ھەر كىشى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا شەرتلەرنى ئورۇندىغان كىشىلەرلا ئېرىشىدۇ. بۇ (55 ~ 58 -) ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىش نېسىپ بولغان كىشىلەرنىڭ بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ ۋە ئۇ نېمەتلەرنىڭ خۇلاسىسى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئۇ نېمەتلەرنىڭ تەپسىلاتى بولسا، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. (36-سۈرە ياسىن، 59-ئايەت) ھىساب تىرىلىش دوزاخ ئەھلى
    وَامْتَازُوا الْيَوْمَ أَيُّهَا الْمُجْرِمُونَ
    (گۇناھكارلارغا) «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (بىر تەرەپكە) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    -گۇناھكارلارغا بولسا - :«ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    (59-64) قىيامەت كۈنى مەھشەردە ھەر كىشىگە دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان پۈتكۈل ئەمەللىرى يېزىلغان بىر كىتاب بېرىلگەن، ھەر ئىنسان ئۆز كىتابىنى ئوقۇغان ۋە كىتابىغا قارىتا خالىغىنىنى ئېيتقاندىن كېيىن، يامانلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن مۇئمىنلاردىن ئايرىلىڭلار، مەن سىلەرگە دۇنيادىكى چېغىڭلاردا: ‹ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مانا بۇ توغرا يولدۇر› دەپ تاپىلىمىدىممۇ؟ بۇ توغرىدا سىلەردىن ئەھدە ئالمىدىممۇ؟ شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن خەلقلەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟ ئەنە شۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەم! بۈگۈن ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەر دۇنيادا كۇفرىلىق قىلدىڭلار، شۇنداقلا بۇنىڭغا لايىق بولدۇڭلار». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ئىنسانلاردىن ئىككى شەكىلدە ئەھدە ئالغان: 1) ياراتقان ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ بىرلىك، بارلىقىغا ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دەلىل سۈپىتىدە يارىتىپ، ھەر ئىنسان بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا ئۇنىڭغا ئۇلار ئارقىلىق: «مەن سېنىڭ رەببىڭ ئەمەسمۇ؟» دېگەن، ئۇلار ئىچىدە «ئەلۋەتتە، سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن، يارەب!» دېگەن. 2) ھەر ئۇممەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىپ ئۇ ئارقىلىق ئۇ ئۇممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتقا ئىبادەت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن، شۇڭلاشقا ھەر پەيغەمبەرنىڭ بىر ئۆمۈر قىلغان دەۋىتى «شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دېگەن مەزمۇندا خۇلاسىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَنْ لَا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
    سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە : «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن سىلەردىن: ‹ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر› دەپ ئەھدە ئالمىدىممۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  61. وَأَنِ اعْبُدُونِي ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
    سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە: ‹ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر› دېمىدىممۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  62. (36-سۈرە ياسىن، 62-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئازغۇنلۇق
    وَلَقَدْ أَضَلَّ مِنْكُمْ جِبِلًّا كَثِيرًا ۖ أَفَلَمْ تَكُونُوا تَعْقِلُونَ
    شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن خەلقلەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  63. هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ
    سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەم! — ئەنەس ئالىم

  64. (36-سۈرە ياسىن، 64-ئايەت) دوزاخ ئازابى كاپىرلىق
    اصْلَوْهَا الْيَوْمَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
    سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۈگۈن ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەر تۇزكورلۇق قىلدىڭلار». — ئەنەس ئالىم

  65. (36-سۈرە ياسىن، 65-ئايەت) ھىساب ئىمان
    الْيَوْمَ نَخْتِمُ عَلَىٰ أَفْوَاهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَا أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، قىلمىشلىرىنى بىزگە قوللىرى سۆزلەيدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈنى (قىيامەت كۈنى) كافىرلار ئۆز قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلەپ گەپ قىلالمايدىغان قىلىپ قويىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىزگە ئۆز قوللىرى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۆز پۇتلىرى ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار بىزدىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ. ئەسكەرتىش: مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر دوزاخ ئەھلىنىڭ ئېغىزلىرىنىڭ باشتا پېچەتلىنىپ، قول - پۇت، كۆز - قۇلاق ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز تېرىلىرى بىلەن سۆزلىشىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. وَلَوْ نَشَاءُ لَطَمَسْنَا عَلَىٰ أَعْيُنِهِمْ فَاسْتَبَقُوا الصِّرَاطَ فَأَنَّىٰ يُبْصِرُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    خالىغان بولساق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى تامامەن يوق قىلىۋېتەتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇلار يولنى تېپىشقا ئالدىرىشاتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ — ئەنەس ئالىم

    كافىرلار (45 ~ 48 - ئايەتلەردە بىلدۈرۈلگەندەك) ئۆزلىرىگە ئايەتلەر يەتكۈزۈلگەن چاغدا، خۇسۇسەن ئىمان كەلتۈرمىسە ئازابقا يولۇقىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر يەتكۈزۈلگەن چاغدا، يەتكۈزگەنلەرگە تەنە - ھاقارەت ۋە مەسخىرە قىلىدۇ. ئەگەر بىز ئۇلارنى كۇفرىلىقى ۋە ئاسىيىلىقى ئۈچۈن دەرھال جازالاشنى خالىغان بولساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى تۈپتۈز قىلىۋېتەتتۇق؛ كۆزلىرىنىڭ ئورنىنى تۈز قىلىپ تامامەن يوق قىلىۋەتكەن، شۇنداقلا كور قىلىۋەتكەن بولاتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇلار مېڭىۋاتقان يولىنى تېپىشقا ئالدىراپ قالايمىقان ماڭاتتى، لېكىن ئۇلار كۆزلىرى كۆرمەيدىغان تۇرسا يولنى قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. (36-سۈرە ياسىن، 67-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    وَلَوْ نَشَاءُ لَمَسَخْنَاهُمْ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمْ فَمَا اسْتَطَاعُوا مُضِيًّا وَلَا يَرْجِعُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتى مۇبەددەل (يەنى مايمۇن، چوشقا ياكى تاش) قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتىنى مۇبەددەل قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    خالىغان بولساق ئۇلارنى تۇرغان يەرلىرىدە سۈرىتى مۇبەددەل قىلىۋېتەتتۇق[7]. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، كەينىگىمۇ قايتالمايتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر بىز ئۇلارنى دەرھال جازالاشنى خالىغان بولساق، ناشايان سۆزنى ئېيتقان ياكى باشقا گۇناھنى قىلغان يەرلىرىدە ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىنسان سۈرىتى بولۇشتىن چىقىرىپ باشقا بىرەر مەخلۇقاتنىڭ سۈرىتىگە ئۆزگەرتىۋېتەتتۇق ۋە كۈچ - قۇۋۋەتلىرىنى يوق قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇرغان يەرلىرىدە توختاپ قالاتتى؛ ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، كەينىگىمۇ قايتالمايتتى. يەنى بىز ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادا دەرھال جازالاشنى ئىرادە قىلغان بولساق، ئۇلارغا بۇ جازالارنىڭ بىرىنى بېرىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلاتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. وَمَنْ نُعَمِّرْهُ نُنَكِّسْهُ فِي الْخَلْقِ ۖ أَفَلَا يَعْقِلُونَ
    بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق، قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، قېرىيدۇ)، ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز، ئۇلار بۇنى چۈشەنمەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز كىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتساق، ئۇنىڭ يارىتىلىشىنى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتۇرىمىز. ئۇلار يەنىلا ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    بىز كىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلساق، بارغانسېرى ئۇنىڭ كۈچىنى يوق قىلىمىز؛ تېنىنى ئاجىزلاشتۇرىمىز، ئېڭىنى تۆۋەنلىتىمىز، تاكى ئۇ دەسلەپتىكى ھالىتىگە قايتىدۇ. ئۇ كافىرلار نېمىشقا ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ؟! ئۇلار، ئۆزلىرىنى يوقتىن ياراتقان، سان - ساناقسىز نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ھېكمىتى بويىچە باشقۇرۇۋاتقان ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى نېمىشقا تونۇپ يەتمەيدۇ؟!. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ 68 - ئايەتكىچە مۇشرىكلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدا قىلغان ئىنكار ۋە ئېتىرازلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا بەزى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلارغا تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە قىيامەت كۈنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ گۇناھكارلارنى جازالاشتىكى قانۇنۇنىنى ئۇقتۇرىدۇ. 69 ~ 83 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بەزى تۆھمەتلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ، ئۇلارغا يەنە بەزى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنىڭ بەزى دەلىللىرى كۆرسىتىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. وَمَا عَلَّمْنَاهُ الشِّعْرَ وَمَا يَنْبَغِي لَهُ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ وَقُرْآنٌ مُبِينٌ
    ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    پەيغەمبەرگە بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. شۈبھىسىزكى ئۇ، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە روشەن قۇرئاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇھەممەدكە شېئىر ئۆگەتمىدۇق. شېئىر ئۇنىڭغا ياراشمايدۇ. ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىنغان نەرسە پەقەت ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئەلچىمىز مۇھەممەد يەتكۈزگەن قۇرئاننى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ھەققىدە: «مۇھەممەد شائىردۇر» دېدىڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، بىز مۇھەممەدكە شېئىر ئۆگەتمىدۇق. شېئىر ئۇنىڭغا لايىق بولمايدۇ. قۇرئان شائىرنىڭ سۆزى ئەمەس، بىز ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلغان سۆز پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتتۇر، ھەر كىشىنىڭ ئېسىدە تۇتۇپ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك ئىلىمدۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر؛ لەۋزى راۋان، مەنىسى ئۇچۇق، ھۆكۈم، ھېكمەت ۋە نەسىھەتلەرنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىلاھىي كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. لِيُنْذِرَ مَنْ كَانَ حَيًّا وَيَحِقَّ الْقَوْلُ عَلَى الْكَافِرِينَ
    ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغاندۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ قۇرئان مۇھەممەدنىڭ تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئازاب سۆزىنىڭ كافىرلارغا تېگىشلىك بولۇشى ئۈچۈن نازىل قىلىندى. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىز مۇھەممەدكە ئۇ قۇرئاننى، مۇھەممەدنىڭ تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق؛ بىز قۇرئاننى مۇھەممەدنىڭ، دىلى جانلىق، ئەقلى ئۆتكۈر ۋە ۋىجدانى ئويغاق كىشىلەرگە قۇرئاننى يەتكۈزۈپ ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن تىرىلدۈرۈشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. شۇنىڭدەك، بىز قۇرئاننى مۇھەممەدكە، مۇھەممەدنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئازابقا لايىق بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى «تىرىكلەر»، «كافىرلار»نىڭ زىددى بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن مۇئمىنلار دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەنىنى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرمۇ تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا خَلَقْنَا لَهُمْ مِمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَا أَنْعَامًا فَهُمْ لَهَا مَالِكُونَ
    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى (قۇدرەت) قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار كۆرمىدىمۇ: بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارغا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (71-73) مۇشرىكلار شۇنى كۆرۈۋاتىدۇ ۋە بىلىۋاتىدۇ: بىز ئۇلارغا ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ ئۇلارنى خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا كۆندۈرۈپ بەردۇق؛ ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنى باشقۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرىگە (تۆگە ۋە بۇقا - ئۆكۈزلەرگە) يۈكلىرىنى ئارتىدۇ، مىنىدۇ، شۇنداقلا يىراق جايلارغا بارىدۇ، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەيدۇ. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ تېرە، يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ سۈتلىرىنى ۋە سۈتلىرىدىن ئىشلەنگەن قېتىق، ئايران... قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىچىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇپ نېمىشقا شۈكۈر قىلمايدۇ؛ نېمىشقا ئىبادەتنى شۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا قىلمايدۇ؟! ئەسكەرتىش: ئەسلىدە بۇ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى يېگىلى بولسىمۇ، لېكىن تۆگە ۋە بوقىلار ئاساسەن يۈك توشۇش، مىنىش، يەر ھەيدەش ۋە جۇۋازغا قوشۇش... قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن بېقىلىدۇ، قوي بىلەن ئۆچكە بولسا گۆشلىرىنى يېيىش مەقسىتى بىلەن بېقىلىدۇ. بۇ تۆت تۈرلۈك ھايۋان ئىنسانلارغا باشقا مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈشتە ئورتاقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. وَذَلَّلْنَاهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ
    ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا كۆندۈرۈپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  73. وَلَهُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَمَشَارِبُ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
    ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار شۈكۈر قىلمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا مەنپەئەتلەر ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەر بار. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  74. (36-سۈرە ياسىن، 74-ئايەت) شېرىك
    وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لَعَلَّهُمْ يُنْصَرُونَ
    ئۇلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھ نى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە ياردەم قىلار دېگەن ئۈمىد بىلەن بىر قىسىم ئىلاھلارغا چوقۇندى. — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار تەۋھىدنىڭ شۇنچە دەلىللىرىنى كۆرمىدى، شۇنچە نېمەتلەرنى ئويلىمىدى، ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىش بىلەن ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئاللاھنى قويۇپ باشقا شەيئى ۋە شەخسلەرنى ئۆزلىرىگە ئىلاھلار قىلىۋالدى ۋە ئۇلارغا چوقۇندى. ئۇ مۇشرىكلار ئۇ ئىلاھلارغا، «بىزگە ياردەم قىلىدۇ، شاپائەت قىلىدۇ، بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېگەن ئۈمىدلەر بىلەن چوقۇندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. (36-سۈرە ياسىن، 75-ئايەت) شېرىك
    لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَهُمْ وَهُمْ لَهُمْ جُنْدٌ مُحْضَرُونَ
    ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بۇلار شۇ مەبۇدلار ئۈچۈن (يەنى ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن) ھازىرلانغان قوشۇندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بۇلار شۇ مەبۇدلار ئۈچۈن ھازىرلانغان قوشۇندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىلاھلار ئۇلارغا ياردەم قىلالمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇ ئىلاھلارنىڭ ھازىر قىلىنغان قوشۇنىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئەمەلىيەت شۇكى: ئۇ ئىلاھلار ئۆزلىرىگە چوقۇنغان ئۇ مۇشرىكلارغا ھەرگىزمۇ ياردەم قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلاھلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە چوقۇنغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا تاشلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلارنىڭ دەرد - ئەلەملىرى ئېغىرلىشىدۇ، ھەسرەت - نادامىتى كۈچىيىدۇ. ئەمما مۇشرىكلار ھازىر مۇشۇ دۇنيادا ئۇ ئىلاھلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا خۇددى تەييارلانغان ۋە ھازىر قىلىنغان قوشۇندۇر؛ خىزمەتكە ھازىر ئەسكەردەك ئۆز مەبۇدلىرىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ساقلاپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. فَلَا يَحْزُنْكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّا نَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
    (ئى، مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سۆزى (يەنى سېنى ئىنكار قىلغانلىقى) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ۋە ئاشكارا قىلغان (سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى) نى بىلىپ تۇرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ يۇشۇرغانلىرىنىمۇ، ئاشكارا قىلغانىمۇ بىلىپ تۇرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىلىرىنى بىلىپ تۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت؛ ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىرى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇنداقتا، سەن ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشىغا ۋە ھەققىڭدە ناشايان سۆزلەرنى قىلىشىغا قاراپ غەمكىن بولمىغىن، قايغۇرمىغىن، ئەپسۇسلانمىغىن. بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان سىرلىرىنى ۋە ئىنسانلاردىن يوشۇرۇپ قىلغان مەخپىي ئىشلىرىنى بىلىمىز. شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئېيتقان سۆزلىرىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاشكارا ھالدا قىلغان قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇمىز . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. أَوَلَمْ يَرَ الْإِنْسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِنْ نُطْفَةٍ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٌ مُبِينٌ
    ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ رەببىغا ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسان كۆرمەمدۇكى، بىز ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئاندىن ئۇ بىزگە قارشى بىردىنلا ئاشكارا مۇخالىپلىق قىلغۇچىغا ئايلاندى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباشلىرىدىن بىرى بولغان ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشىنى ئىنكار قىلىشتا ھەددىدىن ئاشقان ۋە بىز يارىتىپ ئادەم قىلىپ قويغان ھامان بىزگە ئاشكارا دۈشمەنگە ئايلانغان ئىنسان، ئۆزىنى بىزنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتقانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟!. ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى باسقۇچتىن - باسقۇچقا ئۆتكۈزۈپ ياراتقان ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگەن ئاللاھقا قارشى چىقىدۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نېمىشقا سەل چاغلايدۇ؟ نېمىشقا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلىپ شېرىك كەلتۈرىدۇ؟! ئەجەبا ئۇنى بۇ ئەھۋالغا كەلتۈرگەن نەرسە نېمە؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. وَضَرَبَ لَنَا مَثَلًا وَنَسِيَ خَلْقَهُ ۖ قَالَ مَنْ يُحْيِي الْعِظَامَ وَهِيَ رَمِيمٌ
    ئۇ بىزگە (ئىنساننىڭ قايتا تىرىلىشىنى يىراق ساناپ، چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ بىزگە بىر مىسال كۆرسەتتى-يۇ، ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بىزگە مىسال بايان قىلدى، ئۆزىنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇدى. ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئىنسان بىزنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قۇدرىتىمىزنىڭ يېتىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلەپ بىزگە مىسال بايان قىلدى، ئۆزىنى بىزنىڭ يوقتىن ياراتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇدى؛ ئۇ، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلاپ: «خالايىق ئۆلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسە ۋە ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتسە، چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى. دەرۋەقە مۇشرىكلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلايدۇ، ئۇلارغا ھەر قېتىم بۇ سۆزنى قىلغاندا جاۋاب بېرىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (تۆۋەندە مەنىسى بېرىلگەن ئايەتلەردە) جاۋاب بېرىلىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. قُلْ يُحْيِيهَا الَّذِي أَنْشَأَهَا أَوَّلَ مَرَّةٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ
    ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئۇلارنى دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ ھەر يارىتىشنى بىلگۈچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگىن: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقان ئاللاھ قايتا تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ھەر يارىتىشنى ئوبدان بىلىدىغان زاتتۇر؛ يارىتىشنى ئىرادە قىلغان نەرسىسىنى يوقتىن يارىتىش، ئۇرۇقتىن يارىتىش، ئۇرۇقچىدىن يارىتىش، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن يارىتىش ... قاتارلىق بارلىق يارىتىش شەكىللىرىنى بىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئەنە شۇ چەكسىز ئىلىم ۋە ئۇلۇغ قۇدرەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۇلارنى قايتا ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. الَّذِي جَعَلَ لَكُمْ مِنَ الشَّجَرِ الْأَخْضَرِ نَارًا فَإِذَا أَنْتُمْ مِنْهُ تُوقِدُونَ
    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يېشىل دەرەختىن سىلەرگە ئوت چىقىرىپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دەسلەپتە سۇدىن يېشىل (ھۆل) دەرەخ يارىتىدۇ، ئاندىن ئۇنى قۇرۇتۇپ قورۇق ئوتۇن ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئۇ ئوتۇنلار بىلەن ئوت قالايسىلەر. ئەنە شۇ ھۆلنى قۇرۇق ھالەتكە كەلتۈرۈشكە قادىر بولغان ئاللاھ، خالىغىنىنى قىلىشقا، جۈملىدىن قىيامەت كۈنى چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى قايتا تىرىلدۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئەسكەرتىش: تەپسىرلەردە بۇ يەردىكى «يېشىل دەرەخ»نىڭ، ھىجازدىن چىقىدىغان ۋە ئوت قالىماقچى بولغانلار ئىككى شېخىنى بىر - بىرىگە ئۇرۇپ ئوت ياقىدىغان «مەرخ ۋە ئەفار - الْمَرْخ والعَفَار» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دەرەخ بولۇش ئېھتىمالىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ، قايسى دەرەخ بولسا بولسۇن، مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ زىددى بولغان ئوتنى يارىتىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. أَوَلَيْسَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ ۚ بَلَىٰ وَهُوَ الْخَلَّاقُ الْعَلِيمُ
    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتنىڭ ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا كۈچى يەتمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە يېتىدۇ! ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    شۇ ھەيۋەتلىك ئاسمانلارنى، كۆركەم زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى بۇ ئىنسانلارنىڭ ئوخشىشىنى قايتا يارىتىشقا كۈچى يەتمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە يېتىدۇ! ئاللاھ يارىتىشنى ئىرادە قىلغان ھەر نەرسىسىنى يارىتىشقا قادىردۇر. ئاللاھ ياراتقان ۋە يارىتىدىغان ھەر نەرسىسىنى بىلىدۇ، ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
    ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بىرەر شەيئىنى يارىتىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ بىرەر نەرسە يارىتىشنى ئىرادە قىلغان چېغىدىكى ئەمرى، ئۇ نەرسىگە «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ بىرەر نەرسە يارىتىشنى، بىرەر ھادىسە مەيدانغا كەلتۈرۈشنى ۋە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلغان چېغىدا، قىلىدىغان ئىشى پەقەت «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ: «بول» دېيىشى بىلەن ئۇ نەرسە يارىتىلىدۇ، ئۇ ھادىسە مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇ ئىش بولىدۇ. جۈملىدىن ئاللاھ قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى ئۈچۈنمۇ ۋاقتى كەلگەندە پەقەت «بول» دەيدۇ - دە، قىيامەت قايىم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. فَسُبْحَانَ الَّذِي بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    ئاللاھ پاكتۇركى، ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ پاكتۇركى، ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئۇنىڭ قولىدىدۇر ۋە ئۇنىڭ تەرىپىگە قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇۋاتقان زات پاكتۇر! سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان ئاللاھ ئاجىزلىق، كەمچىلىك ۋە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۈستۈندۇر! ئى ئىنسانلار! ھەممىڭلار ئاخىرى ئۆلىسىلەر، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىپ مەڭگۈلۈك مەنزىلىڭلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىسىلەر (ياخشىلىرىڭلار جەننەتكە، يامانلىرىڭلار دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى