ۋاقىئە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 96 ئايەت
مەنىسى: زور ۋەقە. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
  1. (56-سۈرە ۋاقىئە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ
    قىيامەت قايىم بولغان چاغدا

    قىيامەت قايىم بولغان چاغدا

  2. (56-سۈرە ۋاقىئە، 2-ئايەت)
    لَيْسَ لِوَقْعَتِهَا كَاذِبَةٌ
    ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ

    ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ

  3. (56-سۈرە ۋاقىئە، 3-ئايەت)
    خَافِضَةٌ رَافِعَةٌ
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ

    قىيامەت بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ، بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ

  4. (56-سۈرە ۋاقىئە، 4-ئايەت)
    إِذَا رُجَّتِ الْأَرْضُ رَجًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ

    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن

  5. (56-سۈرە ۋاقىئە، 5-ئايەت)
    وَبُسَّتِ الْجِبَالُ بَسًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ

    تاغلار پارچىلىلانغان

  6. (56-سۈرە ۋاقىئە، 6-ئايەت)
    فَكَانَتْ هَبَاءً مُنْبَثًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ

    ۋە توزاندەك توزۇپ كەتكەن

  7. (56-سۈرە ۋاقىئە، 7-ئايەت)
    وَكُنْتُمْ أَزْوَاجًا ثَلَاثَةً
    سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر

    ۋە سىلەر ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنگەن چاغدا

  8. (56-سۈرە ۋاقىئە، 8-ئايەت)
    فَأَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ
    (بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر

    سائادەتمەنلەرگە كەلسەك؛ بۇ سائادەتمەنلەر كىملەر؟

  9. (56-سۈرە ۋاقىئە، 9-ئايەت)
    وَأَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ
    (ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر)

    بەختسىزلەرگە كەلسەك؛ بۇ بەختسىزلەر كىملەر؟

  10. (56-سۈرە ۋاقىئە، 10-ئايەت)
    وَالسَّابِقُونَ السَّابِقُونَ
    (ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر

    ۋە ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلار، ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇچىلاردۇر

  11. (56-سۈرە ۋاقىئە، 11-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ الْمُقَرَّبُونَ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر

    ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر

  12. (56-سۈرە ۋاقىئە، 12-ئايەت)
    فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە بولىدۇ

  13. (56-سۈرە ۋاقىئە، 13-ئايەت)
    ثُلَّةٌ مِنَ الْأَوَّلِينَ
    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر

    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر

  14. (56-سۈرە ۋاقىئە، 14-ئايەت)
    وَقَلِيلٌ مِنَ الْآخِرِينَ
    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە بولسا ئازدۇر

  15. (56-سۈرە ۋاقىئە، 15-ئايەت)
    عَلَىٰ سُرُرٍ مَوْضُونَةٍ
    ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ

    ئۇلار توقۇلغان تەختلەر ئۈستىدە بولۇپ

  16. (56-سۈرە ۋاقىئە، 16-ئايەت)
    مُتَّكِئِينَ عَلَيْهَا مُتَقَابِلِينَ
    ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ

    ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ

  17. (56-سۈرە ۋاقىئە، 17-ئايەت)
    يَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ
    (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ

    ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ

  18. (56-سۈرە ۋاقىئە، 18-ئايەت)
    بِأَكْوَابٍ وَأَبَارِيقَ وَكَأْسٍ مِنْ مَعِينٍ
    (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ

    ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك ۋە جاملار بىلەن

  19. (56-سۈرە ۋاقىئە، 19-ئايەت)
    لَا يُصَدَّعُونَ عَنْهَا وَلَا يُنْزِفُونَ
    ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ

    ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ

  20. (56-سۈرە ۋاقىئە، 20-ئايەت)
    وَفَاكِهَةٍ مِمَّا يَتَخَيَّرُونَ
    ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ

    ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر

  21. (56-سۈرە ۋاقىئە، 21-ئايەت)
    وَلَحْمِ طَيْرٍ مِمَّا يَشْتَهُونَ
    ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ

    ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ

  22. (56-سۈرە ۋاقىئە، 22-ئايەت)
    وَحُورٌ عِينٌ
    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ

    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ

  23. (56-سۈرە ۋاقىئە، 23-ئايەت)
    كَأَمْثَالِ اللُّؤْلُؤِ الْمَكْنُونِ
    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ

    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ

  24. (56-سۈرە ۋاقىئە، 24-ئايەت)
    جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر

    بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر

  25. (56-سۈرە ۋاقىئە، 25-ئايەت)
    لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا تَأْثِيمًا
    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ

    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ

  26. (56-سۈرە ۋاقىئە، 26-ئايەت)
    إِلَّا قِيلًا سَلَامًا سَلَامًا
    پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ

    ئۇلار پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ

  27. (56-سۈرە ۋاقىئە، 27-ئايەت)
    وَأَصْحَابُ الْيَمِينِ مَا أَصْحَابُ الْيَمِينِ
    سائادەتمەنلەرنىڭ (يەنى نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەرنىڭ) ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟

    سائادەتمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟

  28. (56-سۈرە ۋاقىئە، 28-ئايەت)
    فِي سِدْرٍ مَخْضُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن

  29. (56-سۈرە ۋاقىئە، 29-ئايەت)
    وَطَلْحٍ مَنْضُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن

  30. (56-سۈرە ۋاقىئە، 30-ئايەت)
    وَظِلٍّ مَمْدُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن

  31. (56-سۈرە ۋاقىئە، 31-ئايەت)
    وَمَاءٍ مَسْكُوبٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئېقىپ تۇرغان سۇدىن

  32. (56-سۈرە ۋاقىئە، 32-ئايەت)
    وَفَاكِهَةٍ كَثِيرَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    تۈگىمەيدىغان مېۋىلەردىن

  33. (56-سۈرە ۋاقىئە، 33-ئايەت)
    لَا مَقْطُوعَةٍ وَلَا مَمْنُوعَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن

  34. (56-سۈرە ۋاقىئە، 34-ئايەت)
    وَفُرُشٍ مَرْفُوعَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ۋە يۇمشاق تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

  35. (56-سۈرە ۋاقىئە، 35-ئايەت)
    إِنَّا أَنْشَأْنَاهُنَّ إِنْشَاءً
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ ئاياللارنى يېڭىدىن ياراتتۇق

  36. (56-سۈرە ۋاقىئە، 36-ئايەت)
    فَجَعَلْنَاهُنَّ أَبْكَارًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق

    ئۇلارنى قىزلار قىلىپ ياراتتۇق

  37. (56-سۈرە ۋاقىئە، 37-ئايەت)
    عُرُبًا أَتْرَابًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق

    ئۇلارنى ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق

  38. (56-سۈرە ۋاقىئە، 38-ئايەت)
    لِأَصْحَابِ الْيَمِينِ
    بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر

    بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر

  39. (56-سۈرە ۋاقىئە، 39-ئايەت)
    ثُلَّةٌ مِنَ الْأَوَّلِينَ
    بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر

    بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر

  40. (56-سۈرە ۋاقىئە، 40-ئايەت)
    وَثُلَّةٌ مِنَ الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر

  41. (56-سۈرە ۋاقىئە، 41-ئايەت)
    وَأَصْحَابُ الشِّمَالِ مَا أَصْحَابُ الشِّمَالِ
    بەختسىزلەر (يەنى نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟

    بەختسىزلەرگە كەلسەك؛ بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟

  42. (56-سۈرە ۋاقىئە، 42-ئايەت)
    فِي سَمُومٍ وَحَمِيمٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ

    ئۇلار ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ

  43. (56-سۈرە ۋاقىئە، 43-ئايەت)
    وَظِلٍّ مِنْ يَحْمُومٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ

    قارا تۈتۈندىن بولغان بىر سايىنىڭ ئىچىدە

  44. (56-سۈرە ۋاقىئە، 44-ئايەت)
    لَا بَارِدٍ وَلَا كَرِيمٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ

    ئۇ سايە، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس

  45. (56-سۈرە ۋاقىئە، 45-ئايەت)
    إِنَّهُمْ كَانُوا قَبْلَ ذَٰلِكَ مُتْرَفِينَ
    چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى

    چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى

  46. (56-سۈرە ۋاقىئە، 46-ئايەت)
    وَكَانُوا يُصِرُّونَ عَلَى الْحِنْثِ الْعَظِيمِ
    ئۇلار چوڭ گۇناھتا (يەنى كۇفرىدا) چىڭ تۇرغان ئىدى

    ئۇلار چوڭ گۇناھتا چىڭ تۇرغان ئىدى

  47. (56-سۈرە ۋاقىئە، 47-ئايەت)
    وَكَانُوا يَقُولُونَ أَئِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى

    ئۇلار مۇنداق دەيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟

  48. (56-سۈرە ۋاقىئە، 48-ئايەت)
    أَوَآبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ
    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى

    ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟»

  49. (56-سۈرە ۋاقىئە، 49-ئايەت)
    قُلْ إِنَّ الْأَوَّلِينَ وَالْآخِرِينَ
    ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ

    ئېيتقىنكى: «ئىلگىرىكىلەرمۇ، كېيىنكىلەرمۇ

  50. (56-سۈرە ۋاقىئە، 50-ئايەت)
    لَمَجْمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَاتِ يَوْمٍ مَعْلُومٍ
    ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ

    ئەلۋەتتە، مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا توپلىنىدۇ

  51. (56-سۈرە ۋاقىئە، 51-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّكُمْ أَيُّهَا الضَّالُّونَ الْمُكَذِّبُونَ
    ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!

    ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!

  52. (56-سۈرە ۋاقىئە، 52-ئايەت)
    لَآكِلُونَ مِنْ شَجَرٍ مِنْ زَقُّومٍ
    چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر

    چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر

  53. (56-سۈرە ۋاقىئە، 53-ئايەت)
    فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ
    ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر

    ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر

  54. (56-سۈرە ۋاقىئە، 54-ئايەت)
    فَشَارِبُونَ عَلَيْهِ مِنَ الْحَمِيمِ
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»

    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى ئىچىسىلەر

  55. (56-سۈرە ۋاقىئە، 55-ئايەت)
    فَشَارِبُونَ شُرْبَ الْهِيمِ
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»

    سۇغا تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر

  56. (56-سۈرە ۋاقىئە، 56-ئايەت)
    هَٰذَا نُزُلُهُمْ يَوْمَ الدِّينِ
    مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر

    مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر

  57. (56-سۈرە ۋاقىئە، 57-ئايەت)
    نَحْنُ خَلَقْنَاكُمْ فَلَوْلَا تُصَدِّقُونَ
    (ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟

  58. (56-سۈرە ۋاقىئە، 58-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمْ مَا تُمْنُونَ
    سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

    سىلەر تۆكۈۋاتقان مەنىنىي دەپ بېقىڭلارچۇ!

  59. (56-سۈرە ۋاقىئە، 59-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ تَخْلُقُونَهُ أَمْ نَحْنُ الْخَالِقُونَ
    ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق؟

    ئۇنى سىلەر يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز يارىتامدۇق؟

  60. (56-سۈرە ۋاقىئە، 60-ئايەت)
    نَحْنُ قَدَّرْنَا بَيْنَكُمُ الْمَوْتَ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ
    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز

    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق ۋە بىز ئاجىز ئەمەسمىز

  61. (56-سۈرە ۋاقىئە، 61-ئايەت)
    عَلَىٰ أَنْ نُبَدِّلَ أَمْثَالَكُمْ وَنُنْشِئَكُمْ فِي مَا لَا تَعْلَمُونَ
    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز

    سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىنتىن ئاجىز ئەمەسمىز

  62. (56-سۈرە ۋاقىئە، 62-ئايەت)
    وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ النَّشْأَةَ الْأُولَىٰ فَلَوْلَا تَذَكَّرُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە ئاللاھنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟

    شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار. سىلەر ئويلىمامسىلەر؟

  63. (56-سۈرە ۋاقىئە، 63-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَحْرُثُونَ
    سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

    سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

  64. (56-سۈرە ۋاقىئە، 64-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ تَزْرَعُونَهُ أَمْ نَحْنُ الزَّارِعُونَ
    ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟)

    ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈردۇكمۇ؟

  65. (56-سۈرە ۋاقىئە، 65-ئايەت)
    لَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَاهُ حُطَامًا فَظَلْتُمْ تَفَكَّهُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار

    ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار

  66. (56-سۈرە ۋاقىئە، 66-ئايەت)
    إِنَّا لَمُغْرَمُونَ
    سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)

    ۋە سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتتۇق»

  67. (56-سۈرە ۋاقىئە، 67-ئايەت)
    بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
    سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)

    بەلكى «بىز مەھرۇم قالدۇق» دەيتتىڭلار

  68. (56-سۈرە ۋاقىئە، 68-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمُ الْمَاءَ الَّذِي تَشْرَبُونَ
    سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

    سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

  69. (56-سۈرە ۋاقىئە، 69-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ أَنْزَلْتُمُوهُ مِنَ الْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ الْمُنْزِلُونَ
    ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟

    ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟

  70. (56-سۈرە ۋاقىئە، 70-ئايەت)
    لَوْ نَشَاءُ جَعَلْنَاهُ أُجَاجًا فَلَوْلَا تَشْكُرُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟

    ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق، نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟

  71. (56-سۈرە ۋاقىئە، 71-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمُ النَّارَ الَّتِي تُورُونَ
    سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

    سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

  72. (56-سۈرە ۋاقىئە، 72-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ أَنْشَأْتُمْ شَجَرَتَهَا أَمْ نَحْنُ الْمُنْشِئُونَ
    ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟

    ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟

  73. (56-سۈرە ۋاقىئە، 73-ئايەت)
    نَحْنُ جَعَلْنَاهَا تَذْكِرَةً وَمَتَاعًا لِلْمُقْوِينَ
    ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق

    ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق

  74. (56-سۈرە ۋاقىئە، 74-ئايەت)
    فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
    ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

    ئۇنداق بولسا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن

  75. (56-سۈرە ۋاقىئە، 75-ئايەت)
    فَلَا أُقْسِمُ بِمَوَاقِعِ النُّجُومِ
    يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن

    يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن

  76. (56-سۈرە ۋاقىئە، 76-ئايەت)
    وَإِنَّهُ لَقَسَمٌ لَوْ تَعْلَمُونَ عَظِيمٌ
    شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر

    شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر

  77. (56-سۈرە ۋاقىئە، 77-ئايەت)
    إِنَّهُ لَقُرْآنٌ كَرِيمٌ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئان بولۇپ

  78. (56-سۈرە ۋاقىئە، 78-ئايەت)
    فِي كِتَابٍ مَكْنُونٍ
    كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر

    ئۇ كىتاب- لەۋھۇلمەھپۇز-دا ساقلانغاندۇر

  79. (56-سۈرە ۋاقىئە، 79-ئايەت)
    لَا يَمَسُّهُ إِلَّا الْمُطَهَّرُونَ
    ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ

    ئۇنى پاك بولغانلاردىن باشقىسى تۇتمايدۇ

  80. (56-سۈرە ۋاقىئە، 80-ئايەت)
    تَنْزِيلٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    ئۇ، ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

  81. (56-سۈرە ۋاقىئە، 81-ئايەت)
    أَفَبِهَٰذَا الْحَدِيثِ أَنْتُمْ مُدْهِنُونَ
    (ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟

    سىلەر مۇشۇ سۆزنى كەمسىتىۋاتامسىلەر؟

  82. (56-سۈرە ۋاقىئە، 82-ئايەت)
    وَتَجْعَلُونَ رِزْقَكُمْ أَنَّكُمْ تُكَذِّبُونَ
    (سىلەر ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا (رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟

    رىزقىڭلارغا ئۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلامسىلەر؟

  83. (56-سۈرە ۋاقىئە، 83-ئايەت)
    فَلَوْلَا إِذَا بَلَغَتِ الْحُلْقُومَ
    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر

    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا

  84. (56-سۈرە ۋاقىئە، 84-ئايەت)
    وَأَنْتُمْ حِينَئِذٍ تَنْظُرُونَ
    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر

    سىلەر قاراپ تۇرىسىلەر!

  85. (56-سۈرە ۋاقىئە، 85-ئايەت)
    وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْكُمْ وَلَٰكِنْ لَا تُبْصِرُونَ
    بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)

    ۋە ھالەنكى بىز ئۇنىڭغا سىلەردىن تېخىمۇ يېقىنمىز، لېكىن سىلەر كۆرمەيسىلەر

  86. (56-سۈرە ۋاقىئە، 86-ئايەت)
    فَلَوْلَا إِنْ كُنْتُمْ غَيْرَ مَدِينِينَ
    ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار

    ئەگەر جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار

  87. (56-سۈرە ۋاقىئە، 87-ئايەت)
    تَرْجِعُونَهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار

    نېمىشقا ئۇنى قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار!

  88. (56-سۈرە ۋاقىئە، 88-ئايەت)
    فَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُقَرَّبِينَ
    ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ

    ئەگەر ئۇ مېيىت –ئاللاھقا- يېقىن كىشىلەردىن بولىدىغان بولسا

  89. (56-سۈرە ۋاقىئە، 89-ئايەت)
    فَرَوْحٌ وَرَيْحَانٌ وَجَنَّتُ نَعِيمٍ
    ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ

    -ئۇنىڭ مۇكاپاتى-، راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ

  90. (56-سۈرە ۋاقىئە، 90-ئايەت)
    وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنْ أَصْحَابِ الْيَمِينِ
    ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ.

    ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا

  91. (56-سۈرە ۋاقىئە، 91-ئايەت)
    فَسَلَامٌ لَكَ مِنْ أَصْحَابِ الْيَمِينِ
    ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ.

    سائادەتمەنلەردىن ساڭا سالام!

  92. (56-سۈرە ۋاقىئە، 92-ئايەت)
    وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُكَذِّبِينَ الضَّالِّينَ
    ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ

    ئەگەر ئۇ ئىنكار قىلغۇچى ئازغۇن گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا

  93. (56-سۈرە ۋاقىئە، 93-ئايەت)
    فَنُزُلٌ مِنْ حَمِيمٍ
    ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ

    يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ

  94. (56-سۈرە ۋاقىئە، 94-ئايەت)
    وَتَصْلِيَةُ جَحِيمٍ
    جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ

    جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ

  95. (56-سۈرە ۋاقىئە، 95-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ حَقُّ الْيَقِينِ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر

  96. (56-سۈرە ۋاقىئە، 96-ئايەت)
    فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
    ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

    ئۇنداق بولسا ئۇلۇغ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن