ساففات سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 182 ئايەت
مەنىسى: سەپراس قوشۇن. ئاتىلىش سەۋەبى: مەزكۇر سۈپەتتىكى مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (37-سۈرە ساففات، 1-ئايەت) پەرىشتىلەر قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالصَّافَّاتِ صَفًّا
    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلار بىلەن، — ئەنەس ئالىم

    (1-5) بىزگە ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن، بۇلۇتلارنى بىز بەلگىلىگەن يەرگە ھەيدىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن ۋە كالامىمىزنى ئىنسان پەيغەمبەرلىرىمىزگە يەتكۈزۈپ تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، ئى بەندىلەر! سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ئەلۋەتتە بىردۇر، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. شۇنىڭدەك، كۈن چىقىدىغان جايلارنىڭ ئىگىسىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمدە 17 دانە سۈرە ئاللاھ تائالانىڭ قەسىمى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ سۈرە ئۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئۆزى بەزى مۇھىم ئىشلارغا مۇئەككەل قىلغان پەرىشتىلىرى بىلەن قەسەم قىلىپ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (37-سۈرە ساففات، 2-ئايەت) پەرىشتىلەر ئىلاھىي دەلىللەر
    فَالزَّاجِرَاتِ زَجْرًا
    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    توسۇپ ھەيدىگۈچىلەر بىلەن — ئەنەس ئالىم

  3. فَالتَّالِيَاتِ ذِكْرًا
    سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئاللاھنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان غازات قىلغۇچى قوشۇن بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە زىكىر[1] تىلاۋەت قىلغۇچىلار بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  4. إِنَّ إِلَٰهَكُمْ لَوَاحِدٌ
    سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ئەلۋەتتە بىردۇر، — ئەنەس ئالىم

  5. رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَرَبُّ الْمَشَارِقِ
    (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ رەببىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، مەشرىقلارنىڭ رەببىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  6. إِنَّا زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِزِينَةٍ الْكَوَاكِبِ
    بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت بولغان زىننەت بىلەن زىننەتلىدۇق، — ئەنەس ئالىم

    (6-10) شۈبھىسىزكى، بىز زېمىنغا ئەڭ يېقىن ئاسماننى تۈرلۈك سەييارە (پلانېتا)لەردىن ئىبارەت بولغان زىننەت بىلەن زىننەتلىدۇق، ۋە ئۇ ئاسماننى ھەر ئىسيانكار شەيتاندىن (يۇلتۇزلار بىلەن) ساقلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن شەيتانلار ئاسماندىكى پەرىشتىلەر جامائەسىگە قۇلاق سالالمايدۇ، قۇلاق سېلىشقا ئۇرۇنغان شەيتانلارغا ھەر تەرەپتىن ئاقار يۇلتۇزلار ئېتىلىدۇ، ئۇ شەيتانلار قوغلىنىپ يىراقلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇ شەيتانلار ئاخىرەتتە دائىمىي ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. لېكىن كىم ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىۋالغان بولسا، دەرھال ئۇنى تېشىپ ئۆتكۈچى بىر ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ بېرىپ ھالاك قىلىۋېتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە بىرىنچى قەۋەت ئاسماننى «كەۋكەبلەر» بىلەن زىننەتلىگەنلىكىنى، ۋە ئۇ ئاسماننى شەيتاندىن ساقلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 41 - سۈرە (فۇسسىلەت)نىڭ 12 - ئايىتىدە ئۇ ئاسماننى «مەسابىھ - چىراغلار» بىلەن زىننەتلىگەنلىكىنى ۋە ساقلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 67 - سۈرە (مۇلك)نىڭ 5 - ئايىتىدە ئۇ ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىگەنلىكىنى تەكرارلاش بىلەن بىرلىكتە ئۇ چىراغلارنى «شەيتانلارغا ئېتىلىدىغان نەرسىلەر» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا «كەۋكەبلەر - سەييارىلەر»نى بىرىنچى ئاسماننىڭ زىننىتى قىلغان، «نەجملەر - يۇلتۇزلار»نى بولسا ھەم ئۇ ئاسماننىڭ زىننىتى ھەمدە شەيتانلارغا ئېتىلىدىغان نەرسىلەر قىلغان. چۈنكى «كەۋكەبلەر- سەييارىلەر»دە نۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار «مەسابىھ - چىراغلار» دېيىلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتنى قىيامەت قايىم بولغاندا «كەۋكەبلەر»نىڭ چېچىلىدىغانلىقىنى، «نەجملەر»نىڭ ئۆچىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەرمۇ ئېنىق بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَحِفْظًا مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ مَارِدٍ
    ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى ھەر ئىسيانكار شەيتاندىن ساقلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

  8. (37-سۈرە ساففات، 8-ئايەت) پەرىشتىلەر غەيبكە ئىشىنىش جىن
    لَا يَسَّمَّعُونَ إِلَى الْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ وَيُقْذَفُونَ مِنْ كُلِّ جَانِبٍ
    ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ -سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى- ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن شەيتانلار ئەڭ ئالىي جامائەگە قۇلاق سالالمايدۇ، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ئوققا تۇتۇلىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  9. (37-سۈرە ساففات، 9-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب جىن
    دُحُورًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ وَاصِبٌ
    ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يىراقلاشتۇرۇلىدۇ...ئۇلار ئۈچۈن دائىملىق ئازاب باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قوغلىنىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دائىمىي ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

  10. (37-سۈرە ساففات، 10-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب جىن
    إِلَّا مَنْ خَطِفَ الْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ ثَاقِبٌ
    لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ -كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ- — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن كىم ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىۋالغان بولسا، دەرھال ئۇنى تېشىپ ئۆتكۈچى ئاقار يۇلتۇز قوغلايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  11. فَاسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمْ مَنْ خَلَقْنَا ۚ إِنَّا خَلَقْنَاهُمْ مِنْ طِينٍ لَازِبٍ
    ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ ياكى بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىزنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن سوراپ باققىن: ئۇلارنى يارىتىش تەسمۇ ياكى بىزنىڭ باشقا مەخلۇقاتلىرىمىزنى يارىتىش تەسمۇ؟ بىز ئۇلارنى يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن، ئۇلاردىن: «سىلەرنى يارىتىش تەسمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەردىن ئىبارەت بولغان باشقا مەخلۇقاتىنى يارىتىش تەسمۇ؟» دەپ سورىغىن. ئۇلار ئۈچۈن ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتنى يارىتىش تەس. بىزنىڭ بۇ تەس ئىشنى قىلىشقا كۈچىمىز يەتكەن تۇرسا، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە كۈچىمىز يەتمەمدۇ؟! بىز ئۇ ئىنكارچىلارنى يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق، بۇ بىر ئەمەلىيەتتۇر، ئۇلار بۇ ئەمەلىيەتكە ئىشىنىدۇ - يۇ، بىزنىڭ ئۆزلىرىنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قۇدرىتىمىزنىڭ يېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ ئىنتايىن ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋال. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسىنى يوقتىن يارىتىشتىن ئۇنى بۇزۇلغاندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاسان. بىز يوقتىن يارىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن تۇرساق، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرلمەمدۇق؟! ئەلۋەتتە كەلتۈرىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىلىشىغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىسا بۇنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (37-سۈرە ساففات، 12-ئايەت) كاپىرلىق دىننى مەسخىرە قىلىش
    بَلْ عَجِبْتَ وَيَسْخَرُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى سەن ئەجەبلىنىسەن، ئۇلار مەسخىرە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (12-17) ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ، شۇنچە دەلىللەر ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قۇدرىتى يېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقان تۇرۇقلۇق قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەجەبلىنىشىڭ مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئەجەبلىنىشىڭنى ۋە سېنىڭ: «ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىش بار» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىڭنى مەسخىرە قىلىشىدۇر. ئۇلارنىڭ دىللىرى ئۇ قەدەر قارىيىپ كەتكەن ھالەتتىدۇركى، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىنسا نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر دەلىل كۆرسىتىلسە مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت، قايتا تىرىلىش ۋە مەھشەرگە يىغىلىش... دېگەن گەپلەر ئوپئوچۇق سېھىردۇر؛ ئادەم ئالدايدىغان سۆزلەردۇر. بىز ئۆلۈپ يەرنىڭ ئاستىدا توپىغا ۋە چىرىگەن سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (37-سۈرە ساففات، 13-ئايەت) كاپىرلىق غەپلەت
    وَإِذَا ذُكِّرُوا لَا يَذْكُرُونَ
    ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز ـ نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىنسا نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  14. وَإِذَا رَأَوْا آيَةً يَسْتَسْخِرُونَ
    ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىرەر ئايەت كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ — ئەنەس ئالىم

  15. وَقَالُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار دېدىكى: «بۇ روشەن سېھىردۇر، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر. — ئەنەس ئالىم

  16. (37-سۈرە ساففات، 16-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ — ئەنەس ئالىم

  17. (37-سۈرە ساففات، 17-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    أَوَآبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ
    ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟». — ئەنەس ئالىم

  18. (37-سۈرە ساففات، 18-ئايەت) تىرىلىش ئىلاھىي ئازاب
    قُلْ نَعَمْ وَأَنْتُمْ دَاخِرُونَ
    ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «شۇنداق! خار ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىسىلەر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۇنداق! سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە چىرىگەن سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەلۋەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر ۋە ئۇ ئەسنادا ناھايىتى خار ھالەتتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، شۇنداقلا خار ھالەتتە دوزاخقا كىرىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (37-سۈرە ساففات، 19-ئايەت) تىرىلىش سۇر چىلىنىشى
    فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ فَإِذَا هُمْ يَنْظُرُونَ
    بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىر ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەنلا مەھشەرگاھقا ھازىر بولۇپ قارىشىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىش قورقۇنچلۇق بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا كۆزلىرىنى ئېچىپ ئەتراپقا قارايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئاللاھقا بەك ئاسان؛ ئاللاھ مەسئۇل پەرىشتىگە (ئىسرافىلغا) بۇيرۇق بېرىدۇ - دە، پەرىشتە سۇر چالىدۇ (تۇتۇپ ساقلاپ تۇرغان بۇرغىغا پۈۋلەيدۇ)، سۇردىن قورقۇنچلۇق بىر ئاۋاز چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆلۈكلەر بىردىنلا تىرىلىپ ئەتراپقا قارايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (37-سۈرە ساففات، 20-ئايەت) ھىساب
    وَقَالُوا يَا وَيْلَنَا هَٰذَا يَوْمُ الدِّينِ
    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بۇ جازا ۋە مۇكاپات كۈنىدۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (20-21) مۇشرىكلار تىرىلىپلا: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بۇ جازا ۋە مۇكاپات كۈنىدۇر» دەيدۇ، ئۇلارغا: «بۇ ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنىدۇر، سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا بۇ كۈننى يالغان دېگەن ئىدىڭلار؛ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دەپ ئىشەنمىگەن ئۇ كۈن بۇ كۈندۈر!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (37-سۈرە ساففات، 21-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    هَٰذَا يَوْمُ الْفَصْلِ الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
    بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان ھەق بىلەن باتىل ئايرىلىدىغان كۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «بۇ ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنىدۇر، سىلەر يالغان دېگەن كۈندۇر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  22. (37-سۈرە ساففات، 22-ئايەت) تىرىلىش دوزاخ ئەھلى
    احْشُرُوا الَّذِينَ ظَلَمُوا وَأَزْوَاجَهُمْ وَمَا كَانُوا يَعْبُدُونَ
    (ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    -ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ- زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى توپلاڭلار، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە مۇنداق دەپ ئەمر قىلىدۇ: «زالىملارنى، ئۇلارنىڭ يولداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنى توپلاڭلار، — ئەنەس ئالىم

    (22-24) ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەندىن كېيىن، (ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە بايان قىلىنغان بويىچە) كافىرلار كۆزلىرىنى ئېچىپلا ھەسرەت - نادامىتىنى ۋە ھەيرانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋاب بېرىلىدۇ، ئاندىن مۇئەككەل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ھەممەيلەن توپ - توپ ھالەتتە مەھشەرگە ناھايىتى تېز ئېلىپ مېڭىلىدۇ، مەھشەرگە يامانلار گۇناھلىرىنى يۈدۈگەن ھالەتتە ماڭىدۇ. ھېسابتىن كېيىن ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە مۇنداق دەپ ئەمر قىلىدۇ: «كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى، كۇفرىلىقتا ئۇلار بىلەن بىر يولدا ماڭغانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى، ئۇلارنىڭ بىر يولدىكى يولداشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنى توختىتىڭلار، چۈنكى ئۇلاردىن سوئال سورىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (37-سۈرە ساففات، 23-ئايەت) دوزاخ ئەھلى دوزاخ ئازابى
    مِنْ دُونِ اللَّهِ فَاهْدُوهُمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْجَحِيمِ
    (ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى. ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار. — ئەنەس ئالىم

  24. (37-سۈرە ساففات، 24-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَقِفُوهُمْ ۖ إِنَّهُمْ مَسْئُولُونَ
    ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى توختىتىڭلار، ئۇلاردىن سوئال سورىلىدۇ: — ئەنەس ئالىم

  25. (37-سۈرە ساففات، 25-ئايەت) تىرىلىش ئۈمىدسىزلىك ۋە يالۋۇرۇش
    مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ
    (ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «نېمىشقا بىر ـ بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟ » -دېيىلىدۇ- — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە نېمە بولدى؟ بىر - بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايۋاتىسىلەرغۇ؟!». — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن، ئۇلاردىن: «سىلەرگە نېمە بولدىكىن، دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئۆزئارا ياردەملەشكىنىڭلاردەك، ھازىر بىر - بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايىسىلەرغۇ؟! نېمىشقا دۇنيادىكى ئادىتىڭلار بويىچە كۈچلۈكلىرىڭلار ئاجىزلىرىڭلارغا، چوڭلىرىڭلار كىچىكلىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟!» دەپ سورىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (37-سۈرە ساففات، 26-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    بَلْ هُمُ الْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ
    بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئۇلار ئۇ كۈنى تەسلىم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئۇ كۈنى بىر - بىرىگە ياردەم قىلالمايدۇ، ئەكسىچە ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدۇ؛ ئۇلار باشقىلارغا ياردەم بېرىش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم قىلالمايدۇ، ھەممىسى قىلمىشىنىڭ ھېسابى نەتىجىسىدە ئاللاھنىڭ دوزاخقا تاشلاشقا قىلغان ھۆكمىگە بويسۇنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (37-سۈرە ساففات، 27-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ: — ئەنەس ئالىم

    (27-32) ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ. ئۆزئارا تاپا - تەنە قىلىشىدۇ بىر - بىرىنى ئەيىبلەيدۇ: كىچىكلەر چوڭلىرىغا، تۆۋەن تەبىقىدىكىلىرى يۇقىرى تەبىقىدىكىلىرىگە، ئەگەشكۈچىلەر ئەگىشىلگەنلەرگە: «سىلەر بىزنى پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشىتىن توسقان ئىدىڭلار، بىزگە ياخشىلىق قىلىشنى ۋە پايدا يەتكۈزۈشنى ئېيتىپ يېنىمىزغا كېلەتتىڭلار، بىزنى پايدا كۆرسىتىپ ئازدۇردۇڭلار ۋە ئازغۇنلۇقتا قويدۇڭلار» دەيدۇ، چوڭلىرى: «ياق، بىز سىلەرنى ئازدۇرمىدۇق، ئەكسىچە ئۆزۈڭلار ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن مۇئمىن بولمىدىڭلار؛ ئىمان كەلتۈرۈشتىن باش تارتتىڭلار. بىزنىڭ سىلەرنى زورلىغىنىمىز يوق، ئەكسىچە ئۆزۈڭلار خالاپ ھەددىڭلاردىن ئاشتىڭلار. بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگەن ئىگىمىز - ئاللاھنىڭ ئازاب سۆزى بىزگە ۋە سىلەرگە - ھەممىمىزگە تېگىشلىك بولدى، ئەمدى ھەممىمىز دوزاخ ئازابىنى تېتىيمىز، چېكىمىز. بىز سىلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولدۇق، چۈنكى بىز سىلەردىن بۇرۇن ئازغۇن ئىدۇق؛ بىز سىلەرنى يولىمىزغا چاقىردۇق، سىلەر قوبۇل قىلدىڭلار، ئەمدى بىزگە ئەمەس ئۆزۈڭلارغا مالامەت قىلىڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (37-سۈرە ساففات، 28-ئايەت) كاپىرلىق مۇناپىقلىق
    قَالُوا إِنَّكُمْ كُنْتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ الْيَمِينِ
    ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توساتتىڭلار» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر -سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا- قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توسۇيتتۇڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەزىسى: «سىلەر بىزگە ئوڭدىن كېلەتتىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  29. قَالُوا بَلْ لَمْ تَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
    (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۆمىن بولمىدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «سىلەر مۇئمىن بولمىدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: «ياق، ئۆزۈڭلار مۇئمىن بولمىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم

  30. وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ ۖ بَلْ كُنْتُمْ قَوْمًا طَاغِينَ
    بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ سىلەرنى زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر ئازغان قەۋم ئىدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سىلەرنى زورلىمىغان. بەلكى ئۆزۈڭلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋم ئىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم

  31. (37-سۈرە ساففات، 31-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئىلاھىي ھۆكۈم
    فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَا ۖ إِنَّا لَذَائِقُونَ
    پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىمىزنىڭ بىزنى جازالاش سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن -ئازاپنى-چوقۇم تېتىغۇچىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىمىزنىڭ ئازاب سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئازابنى تېتىغۇچىلارمىز. — ئەنەس ئالىم

  32. (37-سۈرە ساففات، 32-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئازغۇنلۇق
    فَأَغْوَيْنَاكُمْ إِنَّا كُنَّا غَاوِينَ
    سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنى ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ئازغۇن ئىدۇق». — ئەنەس ئالىم

  33. (37-سۈرە ساففات، 33-ئايەت) دوزاخ ئەھلى ئىلاھىي ئازاب
    فَإِنَّهُمْ يَوْمَئِذٍ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
    ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بۇ كۈندە ئازابتا ئورتاقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    دېمەك، ئۇ كۈنى ئۇلار ئازابتا ئورتاقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    دېمەك، ئەگىشىلگەنلەر، ئەگەشكۈچىلەر، چوڭلار، كىچىكلار، يۇقىرىلار تۆۋەنلەر، ئالدىغانلار ئالدانغانلار، قىسىقىسى ئازدۇرغانلار ۋ ئازغانلار - ھەممىسى ئۇ كۈنى دوزاخ ئازابىنى چېكىشتە ئورتاقتۇر؛ ئۇلار دۇنيادا ئازغۇنلۇقتا ئورتاق بولغاندەك ئاخىرەتتە ئازابتىىمۇ ئورتاق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (37-سۈرە ساففات، 34-ئايەت) دوزاخ ئەھلى ئىلاھىي ئازاب
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ
    بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز) — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز! — ئەنەس ئالىم

    (34-36) بىز، بۇ دۇنيادا ئازدۇرغان ۋە ئازغان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى ئەنە شۇ ئازاب بىلەن جازالىغىنىمىزدەك، بارلىق گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز؛ ھەممىسىنى دوزاخقا تاشلاپ مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار قىلىمىز، چۈنكى ئۇلارغا ھازىر مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان چاغلىرىدا: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق؛ ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم لايىق ئەمەس، شۇڭلاشقا ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن يېنىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ نەسىھەتكە قۇلاق سالمايدۇ ۋە ئەلچىمىز مۇھەممەد ھەققىدە: «بىز ئەقلىدىن ئازغان شائىرنىڭ سۆزى بىلەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتىپ بىر ئىلاھقا - ئاللاھقا چوقۇنامدۇق؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (37-سۈرە ساففات، 35-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق تەۋھىد
    إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ
    ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئۇلارغا: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېيىلسە، تەكەببۇرلۇق قىلاتتى — ئەنەس ئالىم

  36. وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُو آلِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَجْنُونٍ
    ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە: «بىز جىن چاپلىشىۋالغان شائىر ئۈچۈن ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتەمدۇق؟» دەيتتى. — ئەنەس ئالىم

  37. بَلْ جَاءَ بِالْحَقِّ وَصَدَّقَ الْمُرْسَلِينَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقنى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق، ئۇ ھەقنى ئېلىپ كەلدى ۋە ئەلچىلىرىمنى تەستىقلدى. — ئەنەس ئالىم

    ياق، مۇھەممەد ئەقلىدىن ئازغان كىشىمۇ ئەمەس، شائىرمۇ ئەمەس، ئەكسىچە مۇھەممەد ئەقلى - ھوشى جايىدا، بىز نازىل قىلغان ھەقنى يەتكۈزۈۋاتقان ۋە ئىنسانلارنى ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز دەۋەت قىلغان توغرا يولغا دەۋەت قىلىۋاتقان پەيغەمبەردۇر، ئۇ تەرسالار ئۇنىڭغا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى چاپلىماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (37-سۈرە ساففات، 38-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    إِنَّكُمْ لَذَائِقُو الْعَذَابِ الْأَلِيمِ
    (ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى گۇناھكارلار!- سىلەر چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى گۇناھكارلار! سىلەر ئەلۋەتتە ئەلەملىك ئازابنى تېتىيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    (38-39) ئى كافىرلار ۋە ئى گۇناھكارلار! سىلەر قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىسىلەر ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قېلىپ، ئۇنىڭ ناھايىتى قىينىغۇچى ئازابلىرىنى چوقۇم تېتىيسىلەر، سىلەرگە قىلچە ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ، ئەكسىچە سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىلا بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (37-سۈرە ساففات، 39-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    وَمَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  40. إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    پەقەت ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم

    (40-49) لېكىن ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە توغرا يولنى تاللىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆز يولىغا مۇيەسسەر قىلغان بەندىلىرى مەزكۇر قىينىغۇچى ئازابنى تېتىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇ بەندىلەر جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار جەننەتتە مەلۇم رىزىققا، يەنى تۈرلۈك مېۋىلەرگە ئېرىشىدۇ ۋە ئىززەت - ئىكرام كۆرىدۇ، خىلمۇخىل نېمەتلەر بىلەن تەييارلانغان باغچىلاردا كۈتۈلىدۇ، ئۇ باغچىلاردا مەخسۇس قويۇلغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بۇلاقتىن تولدۇرۇلغان قەدەھلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. ئۇ قەدەھلەردىكى ئىچىملىكلەر رەڭگى ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان، باشنى ئاغرىتمايدىغان ۋە مەست قىلمايدىغان ئىچىملىكلەردۇر. ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان شەھلا كۆزلۈك، ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەن ۋە چاڭ - توزان قونمىغان ئاپئاق تۇخۇملارغا ئوخشايدىغان خىزمەتچى قىزلار بولىدۇ. ئەسكەرتىش: جەننەت نېمەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. أُولَٰئِكَ لَهُمْ رِزْقٌ مَعْلُومٌ
    ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلارغا مەلۇم رىزىق باردۇر؛ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مەلۇم رىزىق بار، — ئەنەس ئالىم

  42. فَوَاكِهُ ۖ وَهُمْ مُكْرَمُونَ
    ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مىۋە - چىۋىلەر. ئۇلار ھۆرمەتلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مېۋىلەر بار. ئۇلار ئىكرامغا ئېرىشىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  43. (37-سۈرە ساففات، 43-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، — تەرجىمە ھەيئىتى

    نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  44. عَلَىٰ سُرُرٍ مُتَقَابِلِينَ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  45. يُطَافُ عَلَيْهِمْ بِكَأْسٍ مِنْ مَعِينٍ
    ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا مەنبەدىن جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇكى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بۇلاقتىن تولدۇرۇلغان قەدەھلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  46. بَيْضَاءَ لَذَّةٍ لِلشَّارِبِينَ
    ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەڭگى ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلار بىلەن تولدۇرۇلغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان، — ئەنەس ئالىم

  47. لَا فِيهَا غَوْلٌ وَلَا هُمْ عَنْهَا يُنْزَفُونَ
    ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    باشنى ئاغرىتمايدىغان ۋە مەست قىلمايدىغان شارابتۇر. — ئەنەس ئالىم

    .
  48. وَعِنْدَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ عِينٌ
    ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك جۈپتىلەر بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان شەھلا كۆزلۈك قىزلار بار. — ئەنەس ئالىم

  49. كَأَنَّهُنَّ بَيْضٌ مَكْنُونٌ
    ئۇلار (ئاقلىقتا) گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار خۇددى ساقلانغان تۇخۇملاردۇر. — ئەنەس ئالىم

  50. فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىد — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (50-51) جەننەت ئەھلى تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئەسنادا ئۆزئارا پاراڭلىشىدۇ، بىر - بىرىدىن ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ ۋە دۇنيادىكى چاغلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ دۇنيادا، مۇئمىنلارنى سۆكىدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان ۋە مەن بىلەن دىن توغرىسىدا مۇنارىلىشىدىغان بىر يېقىنىم بار ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (37-سۈرە ساففات، 51-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى ياخشى ھەمراھ
    قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٌ
    ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بىر يېقىنىم بار ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  52. (37-سۈرە ساففات، 52-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    يَقُولُ أَإِنَّكَ لَمِنَ الْمُصَدِّقِينَ
    ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) "سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ دەيتتىكى: «سەن تەستىقلامسەنكى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ماڭا مۇنداق دەيتتى: ‹سەن تەستىق قىلغۇچىلاردىنمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (52-53) ئۇ يېقىنىم دۇنيادىكى چېغىمىزدا قىيامەتنى ۋە قايتا تىرىلىشنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلاپ ھەمدە مېنىڭ ئىشەنگەنلىكىمنى ئەيىبلەپ ماڭا: ‹سەن قىيامەتنىڭ ۋە قايتا تىرىلىشنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەنلەردىنمۇ؟ سەن بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ بىز بۇ دۇنيادا ئۆلۈپ توپىغا ۋە چىرىگەن سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، بىز قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ يامانلىقىمىزنىڭ جازاسىغا، ياخشىلىقىمىزغا مۇكاپاتىغا ئېرىشەمدۇق؟› دەيتتى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. (37-سۈرە ساففات، 53-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَدِينُونَ
    بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟" دەيتتى» — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم ھېساب بېرەمدۇق؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، بىزگە جازا ۋە مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟›». — ئەنەس ئالىم

  54. (37-سۈرە ساففات، 54-ئايەت) دوزاخ ئازابى جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    قَالَ هَلْ أَنْتُمْ مُطَّلِعُونَ
    ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ: «سىلەر ئۇنى كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يەنە ئەتراپىدىكىلەرگە: «قاراۋاتامسىلەر؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا تەختلەردە بەھۇزۇر ئولتۇرۇۋاتقان ئەھلى جەننەت ھەمراھلىرىغا قىلغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇ يېقىنىمنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ بېقىشنى خالامسىلەر؟» دەيدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (37-سۈرە ساففات، 55-ئايەت) ھىساب دوزاخنىڭ تەسۋىرى
    فَاطَّلَعَ فَرَآهُ فِي سَوَاءِ الْجَحِيمِ
    ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ قاراپلا ئۇنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ قارايدۇ ۋە يېقىنىنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (55-57) شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۇ ئەسنادا دوزاخقا قارايدۇ ۋە يېقىنىنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوتتا كۆيۇۋاتقان ھالەتتە كۆرىدۇ. ئۇ كىشى ئۇ يېقىنىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن مېنىمۇ ھالاك قىلىۋەتكىلى تاس قاپتىكەنسەن - دە! ناۋادا مەن سېنىڭ دۇنيادا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىققا قىلغان دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلغان بولسام، ھازىر مەنمۇ سەن بىلەن بىللە دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدىكەنمەن. ئەگەر دۇنيادا رەببىم ماڭا ئىلتىپات قىلىپ ھىدايەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلمىغان، مېنى لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈشكە مۇيەسسەر قىلمىغان بولسا ئىدى، مەنمۇ ھازىر ساڭا ئوخشاش دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئازابلانغۇچىىلاردىن بولاتتىم». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. قَالَ تَاللَّهِ إِنْ كِدْتَ لَتُرْدِينِ
    ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى ئازدۇرۇپ ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن مېنىمۇ ھالاك قىلىۋەتكىلى تاس قاپتىكەنسەن - دە! — ئەنەس ئالىم

  57. وَلَوْلَا نِعْمَةُ رَبِّي لَكُنْتُ مِنَ الْمُحْضَرِينَ
    ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتەمەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر رەببىمنىڭ مەرھەمىتى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن سەن بىلەن بىللە دوزاخقا ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر رەببىمنىڭ نېمىتى بولمىسا ئىدى، مەنمۇ ئۇ يەرگە ھازىر قىلىنغۇچىلاردىن بولاتتىم». — ئەنەس ئالىم

  58. (37-سۈرە ساففات، 58-ئايەت) تىرىلىش جەننەتتىكى مۇكاپاتلار
    أَفَمَا نَحْنُ بِمَيِّتِينَ
    بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۆلمەمدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    «بىز ئۆلمەيمىز، — ئەنەس ئالىم

    (58-60) ئۇ كىشى دوزاختىكى تونۇشىغا بۇ مالامەتنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جەننەتكە كىرگەنلىكىگە خۇشال ۋە مىننەتدار بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ يېنىدىكى ھەمراھلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلار! بىز جەننەتتە مەڭگۈ ياشايمىز ۋە نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىمىز، بىزگە بۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئۆلۈم يوق، شۇنداققۇ؟ بىز ئازابقىمۇ دۇچار قىلىنمايمىز. ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان ئەبەدىي ھاياتلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس نېمەتلەر ھەقىقەتەن زور بەخت ۋە ناھايىتى كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. (37-سۈرە ساففات، 59-ئايەت) تىرىلىش ئىلاھىي ئازاب
    إِلَّا مَوْتَتَنَا الْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
    بىر قتېىم ئۆلگەندىن كېيىن ئەمدى ئۆلمەيمىز، ئازابقا دۇچار بولمايمىز ئەمەسمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا! ۋە بىز ئازابقا دۇچار بولمامدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىرىنچى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئۆلۈم يوق، شۇنداققۇ؟ بىز ئازابقىمۇ دۇچار قىلىنمايمىز. — ئەنەس ئالىم

  60. إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ھەقىقەتەن زور بەختتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇ ھەقىقەتەن چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر!»[2]. — ئەنەس ئالىم

  61. لِمِثْلِ هَٰذَا فَلْيَعْمَلِ الْعَامِلُونَ
    ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمەل قىلغۇچىلار ئەنە شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ توغرا يولنى تاللىشى نەتىجىسىدە ئاخىرەتتە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدىغان ياخشى بەندىلىرىنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بارلىق بەندىلىرىنى قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولۇش ئۈچۈن، مۇشۇ دۇنيادا ئەمەل قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ ئېيتىدۇ: «ئەمەل قىلغۇچىلار ئاخىرەتتە ئەنە شۇنداق بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. أَذَٰلِكَ خَيْرٌ نُزُلًا أَمْ شَجَرَةُ الزَّقُّومِ
    بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ياخشى زىياپەتمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇنداق كۈتۈلۈش ياخشىمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىپ ئەنە شۇ نېمەتلەر بىلەن كۈتۈلۈش ياخشىمۇ؟ ياكى دوزاخقا تاشلىنىپ زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن يېيىش ياخشىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. (37-سۈرە ساففات، 63-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى ئىلاھىي ئازاب
    إِنَّا جَعَلْنَاهَا فِتْنَةً لِلظَّالِمِينَ
    زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    زەققۇمنى بىز زالىملار ئۈچۈن بىر پىتنە قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زەققۇم دەرىخىنى زالىملار ئۈچۈن ئىمتىھان ۋاسىتىسى قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز زەققۇم دەرىخىنى كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىشىگە سەۋەبچى قىلدۇق؛ ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا ئۆسىدىغانلىقىنى ۋە مېۋىسىنىڭ دوزاخ ئەھلىنىڭ تامىقى بولىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى ئاڭلىسا: «دوزاختا ئوت بار تۇرسا، ئوتنىڭ ئىچىدە دەرەخ قانداق يېتىشىدۇ» دەپ كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. (37-سۈرە ساففات، 64-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى
    إِنَّهَا شَجَرَةٌ تَخْرُجُ فِي أَصْلِ الْجَحِيمِ
    شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ دوزاخنىڭ تېگىدە چىقىدىغان دەرەختۇر. — ئەنەس ئالىم

    (64-70) ئۇ دەرەخ دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى سەتلىكتە ۋە كۆرۈمسىزلىكتە خۇددى شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ، دۇنيادا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ ئۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ ۋە قورساقلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن تولدۇرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىڭ ئېلىشتۇرۇلغان قايناق سۇ ئىچىدۇ. ئۇلار زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن يەپ، يىرىڭ ئېلىشتۇرۇلغان قايناق سۇندىن ئىچىش ئازابى بىلەن ئازابلانغاندىن كېيىن، يەنە يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا قايتىپ بارىدۇ ۋە ئوتتا كۆيۈش ئازابى چېكىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنى ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆردى - دە، ھېچ ئويلىمايلا ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. (37-سۈرە ساففات، 65-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    طَلْعُهَا كَأَنَّهُ رُءُوسُ الشَّيَاطِينِ
    ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ مېۋىلىرى خۇددى شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  66. (37-سۈرە ساففات، 66-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    فَإِنَّهُمْ لَآكِلُونَ مِنْهَا فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ
    ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ زالىملار بۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ ۋە قورساقلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن تولدۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  67. (37-سۈرە ساففات، 67-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    ثُمَّ إِنَّ لَهُمْ عَلَيْهَا لَشَوْبًا مِنْ حَمِيمٍ
    ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ ئېلىشتۇرۇلغان ئىچىملىك ئىچىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  68. (37-سۈرە ساففات، 68-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئەھلى
    ثُمَّ إِنَّ مَرْجِعَهُمْ لَإِلَى الْجَحِيمِ
    ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان يېرى دوزاختۇر. — ئەنەس ئالىم

  69. (37-سۈرە ساففات، 69-ئايەت) قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئازغۇنلۇق
    إِنَّهُمْ أَلْفَوْا آبَاءَهُمْ ضَالِّينَ
    ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنى ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆردى، — ئەنەس ئالىم

  70. (37-سۈرە ساففات، 70-ئايەت) قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئازغۇنلۇق
    فَهُمْ عَلَىٰ آثَارِهِمْ يُهْرَعُونَ
    ئۇلار ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ھېچ ئويلىمايلا ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى. — ئەنەس ئالىم

  71. وَلَقَدْ ضَلَّ قَبْلَهُمْ أَكْثَرُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ئېزىپ كەتكەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (71-73) ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ تولىسى ئېزىپ كەتكەن ئىدى، بىز ئۇلارغا كۇفرىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار بولسا، ئۇ پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئىنكارچى تەرسالارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ھەممىسى كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقنىڭ جازاسىنى تېتىپ دۇنيادا پەقەت ئىبرەتلىك قىسسەلىرى قالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا فِيهِمْ مُنْذِرِينَ
    بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئەۋەتكەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

  73. فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنْذَرِينَ
    ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم

  74. إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    لېكىن ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى) — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن ئاللاھنىڭ سادىق بەندىلىرى مۇستەسنا — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى يامان ئاقىۋەتتىن قۇتۇلدى. — ئەنەس ئالىم

    لېكىن ئاللاھ ئۇ ئۇممەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ياخشى بەندىلىرىنى ئۇ ئۇممەتلەر يولۇققان يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىدى؛ ھالاكەتتىن قۇتقۇزدى، نىجاتلىققا ئېرىشتۈردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. (37-سۈرە ساففات، 75-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى دۇئا نوھ
    وَلَقَدْ نَادَانَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ الْمُجِيبُونَ
    نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز! — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا نۇھ بىزگە نىدا قىلغان ئىدى، بىز ياخشى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (75-76) نۇھ ئۆز ۋاقتىدا بىزگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنى ۋە مۇئمىنلارنى قۇدۇلدۇرۇشىمىزنى، كۇفرىلقتا ئەزۋەيلىگەن قەۋمىنى ھالاك قىلىۋېتىشىمىزنى تىلىگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بۈيۈك بالا - توپاندىن قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. وَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
    بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنى ۋە ئەھلىنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم

  77. (37-سۈرە ساففات، 77-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى نوھ
    وَجَعَلْنَا ذُرِّيَّتَهُ هُمُ الْبَاقِينَ
    ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    پەقەت ئۇنىڭ نەسلىنىلا داۋاملاشقۇچى قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (77-79) بىز نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بارلىق ئىنسانلارنى ئۇنىڭ نەسلىدىن كۆپەيتىپ يەر يۈزىگە تارقاتتۇق. قىيامەتكە قەدەر كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق، قىيامەتكە قەدەر بارلىق پەرىشتە، جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا سالام يوللىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. (37-سۈرە ساففات، 78-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى نوھ
    وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق، — ئەنەس ئالىم

  79. (37-سۈرە ساففات، 79-ئايەت) ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇش نوھ
    سَلَامٌ عَلَىٰ نُوحٍ فِي الْعَالَمِينَ
    خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئالەملەرنىڭ ئىچىدە نۇھقا سالام يوللىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  80. (37-سۈرە ساففات، 80-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات تەقۋادارلىق
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم

    (80-81) بىز نۇھقا ئەنە شۇ ئىلتىپات ۋە ئىنئاملارنى ئاتا قىلدۇق، چۈنكى بىز يولىمىزدا توختاۋسىز كۈرەش قىلغان ۋە كەلگەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىپ ئاداققىچە بەل قويۇۋەتمىگەن ياخشى بەندىلىرىمىزنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. نۇھنىڭ بۇنداق ياخشى بەندە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ لايىق رەۋىشتە مۇئمىن بولغان بەندىلىرىمىزنىڭ قاتارىدىن بولۇشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. (37-سۈرە ساففات، 81-ئايەت) ئىمان نوھ
    إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى نۇھ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  82. ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
    ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز نۇھنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇئمىنلارنى كېمىدە قۇتقۇزغاندىن كېيىن، بارلىق كافىرلارنى ئۇنىڭ تىلىكى بويىچە تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەتتۇق؛ ئۇلاردىن بىرنىمۇ قويمىدۇق. ئەسكەرتىش: بۇ قىسسە ھەققىدە ئىلگىرى ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. وَإِنَّ مِنْ شِيعَتِهِ لَإِبْرَاهِيمَ
    ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، نۇھنىڭ يولىدا ماڭغۇچىلاردىن بىرى ئىبراھىمدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (83-87) نۇھنىڭ شېرىكتىن توسۇش ۋە تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش يولىدا ماڭغۇچىلاردىن بىرى ئىبراھىمدۇر. ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا قەلبىنى بۇزۇق ئېتىقاد، يامان نىيەت، شەك ۋە شۈبھىلەردىن پاكلاپ، كامىل ئىمان، خالىس نىيەت ۋە تولۇق ئىخلاس بىلەن رەببى - ئاللاھقا يۆنەلگەن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە، ئۇلار چوقۇنۇۋاتقان ھەيكەللەرنى كەمسىتىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ ھەيكەللەر نېمىدۇر؟ سىلەر بۇ ھەيكەللەرگە نېمىشقا چوقۇنۇسىلەر؟ ئۆزۈڭلار ياسىغان بۇ ھەيكەللەر سىلەرنىڭ چوقۇنۇشىڭلارغا لايىقمۇ؟ ھەيكەل دېگەن ئىلاھ بولالامدۇ؟! بۇ نەرسىلەرنىڭ چوقۇنۇشىڭلارغا لايىق بولۇپ بولمىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇ نەرسىلەرگە چوقۇنۇش بىلەن ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تۆھمەتنى ئويدۇرۇپ چىقامسىلەر؟ بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان، باشقۇرۇۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، شۇنداقلا چوقۇنۇلۇشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد بولغان ئاللاھ توغرىسىدا گۇمانىڭلار نېمە؟ ھازىر بۇ دۇنيادا ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇپ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەن چېغىڭلاردا، ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئويلاۋاتىسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. (37-سۈرە ساففات، 84-ئايەت) ئىبراھىم قەلبىنى پاكلاش
    إِذْ جَاءَ رَبَّهُ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم رەببىغا ساغلام دىل بىلەن كەلگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  85. (37-سۈرە ساففات، 85-ئايەت) شېرىك تەۋھىد ئىبراھىم
    إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَاذَا تَعْبُدُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى -ئازەر- گە ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  86. أَئِفْكًا آلِهَةً دُونَ اللَّهِ تُرِيدُونَ
    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارنى ئارزۇ قىلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  87. فَمَا ظَنُّكُمْ بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (ئاللاھقا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ھەققىدە نېمە چاغلايسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئالەملەرنىڭ رەببى توغرىسىدىكى گۇمانىڭلار نېمە؟». — ئەنەس ئالىم

  88. (37-سۈرە ساففات، 88-ئايەت) ئىبراھىم بىشارەتلىك چۈشلەر
    فَنَظَرَ نَظْرَةً فِي النُّجُومِ
    ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئىبراھىم يۇلتۇزلارغا قارىدى — ئەنەس ئالىم

    (88-93) بىر كۈنى ئىبراھىم، ئاتىسى ۋە قەۋمى بايرام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، شەھەرنىڭ تېشىغا چىقماقچى بولغاندا، يۇلتۇزلارغا قاراپ: «مەن كېسەل» دېدى، چۈنكى ئىبراھىم ئۇلار يوق چاغدا بۇتلارنى چىقىش ئۈچۈن مۇشۇنداق باھانە كۆرسىتىپ ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىش قارارىغا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبراھىمنى قويۇپ شەھەرنىڭ تېشىغا بايرام ئۆتكۈزىدىغان يېرىگە كېتىشتى. ئىبراھىم ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئاستا (ئېھتىيات بىلەن مېڭىپ) ئۇلار چوقۇنغان بۇتلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ: «ئالدىڭلاردىكى يېمەكلەكلەرنى يېمەمسىلەر؟ ئالدىڭلارغا قويۇلغان بۇ تاماقلاردىن نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ سىلەرگە نېمە بولدىكىن گەپ قىلمايۋاتىسىلەر؟» دېدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇردى ۋە چوڭىدىن باشقا ھەممىسىنى چېقىپ تاشلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. (37-سۈرە ساففات، 89-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى ئىبراھىم
    فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٌ
    ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەلمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە: «مەن كېسەل» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  90. فَتَوَلَّوْا عَنْهُ مُدْبِرِينَ
    ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبراھىمنى قويۇپ كېتىشتى. — ئەنەس ئالىم

  91. فَرَاغَ إِلَىٰ آلِهَتِهِمْ فَقَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ
    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېمەمسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېيتتى: «يېمەمسىلەر؟[3] — ئەنەس ئالىم

  92. (37-سۈرە ساففات، 92-ئايەت) شېرىك ئىبراھىم
    مَا لَكُمْ لَا تَنْطِقُونَ
    ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    «نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە نېمە بولدىكىن گەپ قىلمايۋاتىسىلەر؟»، — ئەنەس ئالىم

  93. (37-سۈرە ساففات، 93-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى ئىبراھىم
    فَرَاغَ عَلَيْهِمْ ضَرْبًا بِالْيَمِينِ
    ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇردى. — ئەنەس ئالىم

  94. فَأَقْبَلُوا إِلَيْهِ يَزِفُّونَ
    ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئىبراھىمنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى. — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىمنىڭ ئاتىسى ۋە قەۋمى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن كەتكەن يېرىدىن قايتىپ بۇتخانىغا بارغاندا بۇتلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىبراھىمدىن گۇمانلاندى ۋە ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇنىڭدىن: «بۇتلىرىمىزنى چېقىۋەتكەن سەنمۇ؟ بۇ ئىشنى سەن قىلدىڭمۇ؟ ئى ئىبراھىم!» دەپ سورىدى. ئىبراھىم ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن چېقىلمىغان چوڭ بۇتقا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «ياق، بۇ ئىشنى ئاۋۇ چوڭ ئىلاھىڭلار قىلغاندۇ! ئىلاھلىرىڭلار گەپ قىلالايدىغان بولسا، ئۇلاردىن بۇنى سوراپ بېقىڭلار!» دېدى. ئۇلار باشتا ئىبراھىمنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىمۇ قوغدىيالمىغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ خاتا قىلغانلىقلىرىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئاندىن دەرھال تەرسالىقى تۇتۇپ كونا ئازغۇنلۇقىغا قايتتى ۋە ئىبراھىمغا: «ئى ئبراھىم! سەن ئوبدان بىلىسەن؛ ئۇلار گەپ قىلالمايدۇ، ئەمەسمۇ! سەن بۇنى بىلگەن تۇرۇقلۇق بىزدىن قانداقمۇ ئۇنىڭدىن بۇنى سورىشىمىزنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  95. (37-سۈرە ساففات، 95-ئايەت) شېرىك تەۋھىد ئىبراھىم
    قَالَ أَتَعْبُدُونَ مَا تَنْحِتُونَ
    ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىم ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    (95-96) بۇ چاغدا ئىبراھىمنىڭ ئۇلارغا ھەقنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى چىققان ئىدى شۇڭلاشقا ئىبراھىم ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەر ئۆزۈڭلار ئويۇپ ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ سوئال سورىساڭلار جاۋاب بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟ بۇنى ۋىجدان قوبۇل قىلامدۇ؟ سىلەرنىڭ كاللاڭلار يوقمۇ؟! ئەمەلىيەت شۇكى، سىلەرنى ۋە سىلەر قىلغان ئىشلارنى ئاللاھ ياراتتى! سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى، جۈملىدىن سىلەر ياسىغان بۇ بۇتلارنى ئاللاھ ياراتتى! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  96. وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ
    ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ئىشلىگەن نەرسەڭلەرنى[4] ئاللاھ ياراتتى!». — ئەنەس ئالىم

  97. قَالُوا ابْنُوا لَهُ بُنْيَانًا فَأَلْقُوهُ فِي الْجَحِيمِ
    ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار ۋە ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار». — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئىبراھىمنىڭ بۇ ھەق سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە دېيەلمىدى، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئىبراھىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىمايلا ئۇنى جازالىماقچى بولدى ۋە: «ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن بىنانىڭ ئىچىگە ئوت قالاڭلار، ئاندىن ئۇنى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار، ئەگەر ئىلاھلىرىڭلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماقچى بولساڭلار ئۇنى مۇشۇنداق كۆيدۈرۈپ جازالاڭلار» دېگەن قارارنى ئېلان قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  98. فَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَسْفَلِينَ
    بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ تۆۋەن بولغۇچىلار قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار بۇ قارارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر يەرگە ناھايىتى چوڭ ئوت قالىدى، ئوت كۆيۈپ قاتتىق لاۋۇلداۋاتقان چاغدا، ئىبراھىمنى ئوتنىڭ ئىچىگە ئاتتى. بىز ئوتقا: «ئىبراھىم ئۈچۈن سوغۇق ۋە بىخەتەر بولغىن» دېدۇق - دە، ئوت ئىبراھىمغا تەسىر قىلمىدى؛ كۆيدۈرمىدى. ئەسلىدە ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى. بىز ئۇلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبراھىمدىن قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن قىلغان بۇ دەبدەبىلىك ئىشىدا ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  99. وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهْدِينِ
    ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن رەببىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن رەببىم بۇيرۇغان يەرگە كېتىمەن. ئۇ ماڭا يول كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (99-100) ئىبراھىم بۇ ھادىسىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىدىسىزلەندى ۋە: «مەن رەببىم بۇيرۇغان يەرگە (شام دىيارىغا) كېتىمەن، رەببىم مېنى دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك يولغا باشلايدۇ، ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ» دېدى، شۇنداقلا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرت - ماكانىنى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلدى، ئاندىن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان، ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە دۈشمەنلىرىمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغان ئىگەم - ئاللاھ! ماڭا ياخشىلاردىن بولىدىغان نەسىل ئاتا قىلغىن؛ ساڭا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان ۋە مېنىڭ يولۇمنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياخشى بالا بەخش ئەتكىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  100. (37-سۈرە ساففات، 100-ئايەت) دۇئا ئىبراھىم
    رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ
    پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىم! ماڭا ياخشىلاردىن بولىدىغان پەرزەنت ئاتا قىلغىن». — ئەنەس ئالىم

  101. فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ
    بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا زېرەك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىبراھىمنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا زېرەك بىر ئوغلى بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەردۇق، ئاندىن ئىبراھىمغا ئۇ ئوغۇلنى بەخش ئەتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ السَّعْيَ قَالَ يَا بُنَيَّ إِنِّي أَرَىٰ فِي الْمَنَامِ أَنِّي أَذْبَحُكَ فَانْظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَا أَبَتِ افْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ مِنَ الصَّابِرِينَ
    ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى (ئۇنىڭغا) سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش ـ كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئوغۇل چوڭىيىپ ئاتىسى ئىبراھىم بىلەن بىللە ئىش قىلغۇدەك بولغاندا ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن چۈشۈمدە سېنى قۇربانلىق قىلغانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دېدى. ئوغۇل: «ئى دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئوغۇل دۇنياغا كېلىپ چوڭ بولدى ۋە ئاتىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان ياشقا كەلدى، بىز ئۇ چاغدا ئىبراھىمنى سىناش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرسەتتۇق، ئىبراھىم بۇ چۈشىنى ئوغلىغا ئەينەن ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئىشقا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدى؛ «ئى ئوغۇلچىقىم!» دېدى، «ئاللاھ چۈشۈمدە مەندىن سېنى قۇربانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ مېنى، سېنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇدى، سەن بۇ ئىشقا قانداق قارايسەن؟»، ئوغۇل: «ئى دادىكا! ئاللاھ ساڭا بۇيرۇغان ئىشنى قىلغىن؛ مېنى قۇربانلىق قىلغىن. ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  103. فَلَمَّا أَسْلَمَا وَتَلَّهُ لِلْجَبِينِ
    ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى يېنى ياتقۇزدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزغاندا، — ئەنەس ئالىم

    (103-105) ئىبراھىم ئوغلىنىڭ پىكرىنى سورىغاندىن كېيىن ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولدى ۋە ئىبراھىم ئوغلىنى ئېلىپ قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاي (مىنا)غا، كەلدى، ئىبراھىم ئوغلىنى (يۈزىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىماسلىقى ئۈچۈن) دۈم ياتقۇزۇپ بوغۇزلاشقا تەييار بولغاندا، بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ؛ بىز ساڭا چۈشۈڭدە كۆرسەتكەن بۇيرۇقىمىزنى ئىجرا قىلدىڭ» دەپ نىدا قىلدۇق، بىزنىڭ ئىبراھىمغا بۇنداق نىدا قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، بىزنىڭ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىمىز ئىدى. شۇڭلاشقا ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى مۇكاپاتلاپ، ئىبراھىمنى بالىسىنى قۇربانلىق قىلىشتىن، ئوغلىنى قۇربانلىق بولۇپ ئۆلۈشتىن قۇتقۇزدۇق، بۇنىڭ سەۋەبى ھەر ئىككىسىنىڭ ئىخلاسمەنلىكتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ
    بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: «ئى ئىبراھىم! — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: «ئى ئىبراھىم! — ئەنەس ئالىم

  105. قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    سەن چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ». بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ». شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم

  106. (37-سۈرە ساففات، 106-ئايەت) ئىلاھىي سىناق ئىبراھىم
    إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْبَلَاءُ الْمُبِينُ
    بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق ئىمتىھان ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (106-108) بۇ ناھايىتى ئوچۇق سىناق ئىدى، ئىبراھىم ئوغلى بىلەن بۇ سىناقتىن ئۆتتى، شۇڭلاشقا بىز ئۇنىڭغا چوڭ بىر قۇربانلىق ئاتا قىلىپ ئۇنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزدۇق، كېيىنكى ئۇممەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىبراھىمغا ياخشى نام قالدۇردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  107. وَفَدَيْنَاهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍ
    بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئبراھىمغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق ئاتا قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

  108. وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق، — ئەنەس ئالىم

  109. (37-سۈرە ساففات، 109-ئايەت) ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇش ئىبراھىم
    سَلَامٌ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ
    ئىبراھىمغا سالام بولسۇن! — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىمغا سالام بولسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىمغا سالام بولسۇن! — ئەنەس ئالىم

    (109-111) ئىبراھىمغا سالام بولسۇن؛ ئىبراھىم بۇ زور سىناقتىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇبارەك بولسۇن! بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. ئىبراھىمنىڭ بۇنداق ياخشى بەندە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ لايىق رەۋىشتە مۇئمىن بولغان بەندىلىرىمىزنىڭ قاتارىدىن بولۇشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  110. (37-سۈرە ساففات، 110-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات تەقۋادارلىق
    كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم

  111. (37-سۈرە ساففات، 111-ئايەت) ئىمان ئىبراھىم
    إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئىبراھىم مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  112. وَبَشَّرْنَاهُ بِإِسْحَاقَ نَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
    ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا نەبىي بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز بىر كۈنى بىر جامائە پەرىشتە بىلەن ئىبراھىمغا ئىسھاق دەپ باشقا بىر ئوغلى بولىدىغانلىقى، بۇ ئوغلىنىڭ چوڭ بولۇپ پەيغەمبەر بولىدىغانلىقى ۋە ياخشىلاردىن بىرى بولىدىغانلىقى خۇش خەۋىرىنى بەردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  113. وَبَارَكْنَا عَلَيْهِ وَعَلَىٰ إِسْحَاقَ ۚ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِمَا مُحْسِنٌ وَظَالِمٌ لِنَفْسِهِ مُبِينٌ
    ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى ۋە ئىسھاقنى بەرىكەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەتلەر ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ نەسلى ئىچىدە ياخشىلىق قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ، ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەتلەر ئاتا قىلدۇق؛ نەسلىنى كۆپ قىلدۇق، ئۇلارغا مۆجىزىلىك نېمەتلەر ئاتا قىلدۇق، نەسلىدىن پەيغەمبەرلەر ۋە ھۆكۈمدارلار چىقاردۇق. ئۇلارنىڭ نەسلى ئىچىدە ياخشىلىق قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتلەر ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلغان ئوغۇل، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ ھەقتە 19 - سۈرە (مەريەم)نىڭ 54 - ۋە 55 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  114. (37-سۈرە ساففات، 114-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى مۇسا
    وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
    بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا ياخشىلىق ئېھسان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغىمۇ ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (114-116) بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغىمۇ ياخشىلىق قىلغان ئىدۇق؛ ئۇ ئىككىسىنى كىچىكىدە فىرۋئەۋننىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ساقلىدۇق، كېيىن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى پەيغەمبەر قىلدۇق ۋە ئۇلارغا نۇرغۇن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى فىرئەۋۋننىڭ ئاسارىتى ۋە زۇلمىدىن قۇتقۇزدۇق. شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنى مىسىردىن چىقىشىدا فىرئەۋننىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن ۋە دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن ساقلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇتۇلدى، ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلىرى (فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى) ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا غەرق بولۇپ كەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  115. وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
    ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ غەمدىن خالاس تاپقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم

  116. (37-سۈرە ساففات، 116-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مۇسا
    وَنَصَرْنَاهُمْ فَكَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ
    بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غالىب كەلدى. — ئەنەس ئالىم

  117. (37-سۈرە ساففات، 117-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار مۇسا تەۋرات
    وَآتَيْنَاهُمَا الْكِتَابَ الْمُسْتَبِينَ
    ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ناھايىتى روشەن كىتابنى بەردۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى فىرئەۋننىڭ ئاسارىتى ۋە زۇلمىدىن قۇتقۇزۇپ دېڭىزدىن ساق - سالامەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مۇسانى تۇر تېغىغا چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن قېرىندىشى ھارۇنغا ناھايىتى روشەن كىتابنى بەردۇق؛ ئۇلارغا ھەر نەرسىنى ئوچۇق بايان قىلىدىغان، ياخشى - ياماننى ۋە توغرا - خاتانى ئېنىق ئايرىيدىغان ۋە بەنى ئسرائىل ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى بولىدىغان تەۋراتنى بەردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  118. (37-سۈرە ساففات، 118-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى مۇسا
    وَهَدَيْنَاهُمَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
    ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى توغرا يولغا ئېرىشتۈردۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز مۇسا بىلەن ھارۇننى توغرا يولغا ئېرىشتۈردۇق؛ دۇنيالىق ئىشلاردا ۋە دىنىي ئىشلاردا توغرا يولدا مېڭىشنى، توغرا قارار بېرىشنى ۋە خەلقىنى نىجاتلىق يولىغا توغرا شەكىلدە يېتەكلەشنى نېسىپ قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  119. (37-سۈرە ساففات، 119-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى مۇسا
    وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِي الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق، — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئىككىسىگە كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ياخشى نام قالدۇردۇق؛ ئۇلاردىن كېيىن قىيامەتكە قەدەر دۇنياغا كەلگەنلەر ئۇلارنى ماختايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  120. (37-سۈرە ساففات، 120-ئايەت) ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇش مۇسا
    سَلَامٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
    مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن! — مۇھەممەد سالىھ

    مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇساغا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن! — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ۋە ھارۇنغا سالام بولسۇن؛ ئۇ ئىككىسى فىرئەۋننىڭ زۇلۇملىرى ۋە قەۋمىنىڭ نادانلىقلىرىغا سەۋر قىلىپ، بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىمىزغا لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر ئىككىسىگە مۇبارەك بولسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  121. (37-سۈرە ساففات، 121-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات تەقۋادارلىق
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم

    (121-122) بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇنغا ئەنە شۇ ئىلتىپات ۋە ئىنئاملارنى ئاتا قىلدۇق، چۈنكى بىز يولىمىزدا توختاۋسىز كۈرەش قىلغان ۋە كەلگەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىپ ئاداققىچە بەل قويۇۋەتمىگەن ياخشى بەندىلىرىمىزنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇنداق ئىككى ياخشى بەندە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ لايىق رەۋىشتە مۇئمىن بولغان بەندىلىرىمىزنىڭ قاتارىدىن بولۇشىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ، بۇ قىسسەنىڭ خۇلاسىسى 28 - سۈرە (قەسەس)نىڭ 3 ~ 43 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  122. (37-سۈرە ساففات، 122-ئايەت) ئىمان مۇسا
    إِنَّهُمَا مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئۇ ئىككىسى مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  123. وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
    ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئىلياسمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (123-126) ئىلياس بىز قەۋمىنى يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەلچىلەردىن بولۇپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن قورقمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانساڭلار بولمامدۇ؟ سىلەرنى ۋە سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنى يوقتىن ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان ۋە سىلەرنى سان - ساناقسىز نېمەتلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىپ، سىلەرگە بىرەر پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان، سىلەردىن بىرەر زىياننى قايتۇرۇۋېتەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان بۇت - «بەئل»گە چوقۇنامسىلەر؟ ئۇ بۇتتىن ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈشىنى، يامانلىقتىن ساقلىشىنى ۋە ھاجىتىڭلارنى راۋا قىلىشىنى تىلەمسىلەر؟ ھەر جەھەتتىن ئۆزۈڭلاردىن تۆۋەن بۇتقا يېلىنىپ - يالۋۇرامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  124. إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَلَا تَتَّقُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  125. (37-سۈرە ساففات، 125-ئايەت) شېرىك تەۋھىد باشقا پەيغەمبەرلەر
    أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ
    سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى تەرك ئېتىپ، بەئلى-ناملىق بۇت- قا چوقۇنامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى قويۇپ، بەئلگە[5] دۇئا قىلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  126. اللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
    ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ رەببىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنىڭ رەببىڭلار ۋە بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنى تەرك ئېتەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  127. فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
    ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار جەھەننەمگە ھازىر قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئىلياسنى يالغانچى دېدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەلۋەتتە ئازابقا ھازىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (127-128) ئۇلار ئىلياسنىڭ سۆزلىرىنى يالغان دېدى، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىدى، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمىدى، بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلاپ قاتتىق ئازابلار بىلەن ئازابلايمىز. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىلياسقا ئەگىشىپ بىزگە سەمىمىي ئىتائەت قىلىش بىلەن ئىلتىپاتىمىزغا لايىق بولغانلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  128. إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم

  129. وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كېيىنكىلەر ئىچىدە ئىلياسقا ياخشى نام قالدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق، — ئەنەس ئالىم

    (129-130) كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئىلياسقا ياخشى نام قالدۇردۇق؛ ئۇلاردىن كېيىن قىيامەتكە قەدەر دۇنياغا كەلگەنلەر ئۇلارنى ماختايدۇ. ئىلياسقا سالام بولسۇن؛ ئۇ قەۋمىنىڭ نادانلىقلىرىغا سەۋر قىلىپ، تەۋھىد كۈرىشى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇبارەك بولسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  130. سَلَامٌ عَلَىٰ إِلْ يَاسِينَ
    ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن! — مۇھەممەد سالىھ

    ئىلياسقا سالام بولسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىلياسقا سالام بولسۇن! — ئەنەس ئالىم

  131. (37-سۈرە ساففات، 131-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات تەقۋادارلىق
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم

    (131-132) بىز ئىلياسقا ئىلتىپات ۋە ئىنئاملارنى ئاتا قىلدۇق، چۈنكى بىز يولىمىزدا توختاۋسىز كۈرەش قىلغان ۋە كەلگەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىپ ئاداققىچە بەل قويۇۋەتمىگەن ياخشى بەندىلىرىمىزنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. ئىلياسنىڭ ياخشى بەندە بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ لايىق رەۋىشتە مۇئمىن بولغان بەندىلىرىمىزنىڭ قاتارىدىن بولۇشىدۇر. ئىلياس - مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملاردىن كېيىن بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىككى قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. «ئىلياس»، ئىبرانىيچىدە «ئېلىياھ» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئىلياس» بىلەن «ئىلياسىن»، «سەينا - سَيْنَاء» بىلەن «سىنىن - سِينِين»گە ئوخشاش بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئىككىلىسى ئۇ پەيغەمبەرنى كۆرستىدۇ. «بەئل» - ئەسلىدە «كەنئانلىقلار»نىڭ بۇتى بولۇپ، بەنى ئىسرائىلمۇ ئۇ بۇتقا چوقۇنغان، ئىلياس ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۇ بۇتقا چوقۇنۇشتىن توسقان ۋە ئاللاھقا چوقۇنۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇلار بولسا، ئىلياس ئەلەيھىىسسالامنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالمىغان. ئاللاھ تائالا ئۇ قەۋمنى قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلاپ ئازابلايدىغانلىقىنى، ئىلياس ئەلەيھىسسالامنى مۇكاپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  132. (37-سۈرە ساففات، 132-ئايەت) ئىمان باشقا پەيغەمبەرلەر
    إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
    ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئىلياس مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  133. وَإِنَّ لُوطًا لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
    لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، لۇتمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (133-136) لۇتمۇ بىز قەۋمىنى يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەلچىلەردىن بولۇپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىنى شېرك كەلتۈرۈشتىن ۋە باشقا قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىن توسقان ئىدى. قەۋمى بولسا، لۇتقا قاتتىق قارشى چىقىپ كۇفرىلىقتا ۋە ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ موماي خوتۇنىدىن باشقا ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق، ئاندىن ئۇ موماينى ۋە باشقىلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  134. إِذْ نَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم

  135. (37-سۈرە ساففات، 135-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم باشقا پەيغەمبەرلەر
    إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ
    پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت موماي –يەنى لۇتنىڭ ئايالى- نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم

  136. ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ
    ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

  137. وَإِنَّكُمْ لَتَمُرُّونَ عَلَيْهِمْ مُصْبِحِينَ
    (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەندە ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەتىگەنلىرى ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    (137-138) ئى مەككە ئاھالىسى! سىلەر شام دىيارىغا قىلغان سەپەرلىرىڭلاردا ئەتىگەنلىرى ۋە كېچىلىرى ئۇلارنىڭ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن يۇرتلىرىدىن ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. سىلەر ئۇ خارابىلىكلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ ئۇلارنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەپ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە يولۇققانلىقىدىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار بىزنىڭ ئەلچىمىز لۇتنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىققان، بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن. سىلەرمۇ بىزنىڭ ئەلچىمىز مۇھەممەدنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىسىلەر، ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقماسلىق ئۈچۈن ئالدىڭلاردا بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا بۇ ئەلچىمىزگە ئەگىشىشتۇر. ئەسكەرتىش: لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  138. (37-سۈرە ساففات، 138-ئايەت) ئەقىل تارىختىن ساۋاقلار
    وَبِاللَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    كەچتىمۇ ئۆتۈپ تۇرسىلەر. ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىپ باقمامسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېچىلىرىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  139. وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
    يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، يۇنۇسمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (139-142) يۇنۇسمۇ بىز قەۋمىنى يېتەكلەش ئۈچۈ ئەۋەتكەن ئەلچىلەردىن بولۇپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئۇلاردىن ئايرىلغان ۋە يۇرتى (نىنوۋا)نى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە بىر دېڭىزنىڭ بويىغا كېلىپ باشقا بىر جايغا كېتىش ئۈچۈن، يۈك ۋە يولۇچىلار بىلەن توشقۇزۇلغان بىر كېمىگە چىقتى، شۇنىڭ بىلەن كېمە يۈكى ئېغىر كېلىپ ئۇ يان - بۇ يانغا چايقالغىلى تۇردى. بۇ سەۋەبتىن كېمىدىكىلەر بىرقانچە كىشىنى تاشلىۋېتىپ كېمىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، شۇنداقلا ھەممەيلەننى غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزئارا چەك تاشلىشىش ۋە چەكتە كىم چىقسا شۇنى تاشلىۋېتىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە باردى، ئاندىن چەك تاشلاشتى ۋە يۇنۇس كېمىدىن تاشلىۋېتىلىدىغانلارنىڭ قاتارىدا چىقتى. نەتىجىدە يۇنۇس دېڭىزغا تاشلاندى ۋە ئۇنى دېڭىزدا بىر بېلىق يۇتتى، يۇنۇس ئۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  140. إِذْ أَبَقَ إِلَى الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ لىقمۇ-لىق توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا توشقۇزۇلغان كېمىگە قاچقان ئىدى، — ئەنەس ئالىم

  141. (37-سۈرە ساففات، 141-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم باشقا پەيغەمبەرلەر
    فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ
    (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار چەك تاشلاشتى، يۇنۇس چەكتە مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ دېڭىزغا تاشلاندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېمىدىكىلەر بىلەن چەك تاشلاشتى ۋە يېڭىلىپ كەتكۈچىلەردىن بولدى. — ئەنەس ئالىم

  142. فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ
    ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنى بېلىق يۇتتى. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلىۋاتاتتى. — ئەنەس ئالىم

  143. فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ
    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، — ئەنەس ئالىم

    (143-144) يۇنۇس، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى، دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە بېلىقنىڭ قارنىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئىبارەت قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ (سەۋر قىلالماي قەۋمىنى تەرك ئەتكەنلىك) خاتالىقىنى تونۇدى ۋە بىزگە: «ئى رەببىم! سەندىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچ نەرسە يوقتۇر، سەن ھەرقانداق ئەيىب ۋە نۇقساندىن پاكتۇرسەن، مەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلاردىن بولدۇم، خاتا قىلدىم يارەب!» دەپ نىدا قىلدى. ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ تەۋبە قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ بۇ تەسبىھنى ئېيتمىغان بولسا ئىدى، مەزكۇر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر قالاتتى؛ شۇ بېلىقنىڭ قارنىدا ئۆلۈپ كېتەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  144. لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر قالاتتى. — ئەنەس ئالىم

  145. فَنَبَذْنَاهُ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ سَقِيمٌ
    ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى بىز بىر قۇرغاق يەرگە ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن بىز ئۇنى قاقاس يەرگە ئاتتۇق. ئۇ بۇ چاغدا كېسەل ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (145-148) لېكىن بىز ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن ساھىلغا ئاتتۇق ۋە ئۇنىڭغا كاۋا ئائىلىسىدىن بولغان بىر دەرەخ ئۈندۈرۈپ بەردۇق، ئۇ مەزكۇر دەرەخنىڭ سايىسىدا تۇرۇپ تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە يەنى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى قەۋمىگە قايتا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. يۇنۇس قايتىپ كەلگەندە قەۋمىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئەگەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەۋم (نىنوۋا ئاھالىسى) پەيغەمبىرى ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن تامامى ئىمان كەلتۈرگەن بىرلا ئاھالە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئەجەللىرى توشقۇچە ياشاتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  146. وَأَنْبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةً مِنْ يَقْطِينٍ
    ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر تۈرلۈك دەرەخ ئۈندۈردۇق. — ئەنەس ئالىم

  147. وَأَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ مِائَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ
    ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى بىز سانى 100 مىڭ، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنى يۈز مىڭ ياكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم

  148. (37-سۈرە ساففات، 148-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىمان
    فَآمَنُوا فَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَىٰ حِينٍ
    (ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىمان ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە ئۇلارنى بەھرىمەن قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئىمان ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى بىر مۇددەتكىچە بەھرىمەن قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

  149. فَاسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ الْبَنَاتُ وَلَهُمُ الْبَنُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، قىزلار رەببىڭگە، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن سوراپ باققىن: قىزلار رەببىڭنىڭ، ئوغۇللار ئۆزلىرىنىڭمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (149-150) ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرى قىز بالىنى قاتتىق يامان كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، پەرىشتىلەرنى قىز دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇلارنى «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ بىزگە قىز بالا مەنسۇپ قىلىدىغان مۇشرىكلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن، ئۇلاردىن مۇنۇ سوئاللارنى سوراپ باققىن: «قىزلار بىزنىڭ، ئوغۇللار ئۇلارنىڭمىكەن؟ ياكى پەرىشتىلەرنى بىز ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا قىز يارىتىپتىمىزمۇ؟»؛ ئۇلاردىن: «قىزلار ئاللاھنىڭ، ئوغۇللار سىلەرنىڭمۇ؟ ياكى ئاللاھ پەرىشتىلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا قىز ياراتقانمۇ؟»، ئۇلار قانداقچىسىغا بۇ ئادلەتسىز تەقسىماتنى قىلىپتۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  150. (37-سۈرە ساففات، 150-ئايەت) پەرىشتىلەر غەيبكە ئىشىنىش شېرىك
    أَمْ خَلَقْنَا الْمَلَائِكَةَ إِنَاثًا وَهُمْ شَاهِدُونَ
    ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى بىز پەرىشتىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا چىشى ياراتتۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  151. (37-سۈرە ساففات، 151-ئايەت) يالغانچىلىق شېرىك باتىل
    أَلَا إِنَّهُمْ مِنْ إِفْكِهِمْ لَيَقُولُونَ
    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ دەيدۇكى: — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىلىڭلاركى، ئۇلار يالغان گەپ توقۇپ مۇنداق دەيدۇ: — ئەنەس ئالىم

    (151-152) ئى ئىنسانلار! ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ مۇشرىكلار يالغان گەپ توقۇپ: «ئاللاھ ئاتا بولدى، ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەۋاتىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغان ئېيتماقتىدۇر، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھقا بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  152. (37-سۈرە ساففات، 152-ئايەت) يالغانچىلىق شېرىك تەۋھىد
    وَلَدَ اللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    «ئاللاھنىڭ بالىسى بار». ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئاللاھ ئاتا بولدى». شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

  153. أَصْطَفَى الْبَنَاتِ عَلَى الْبَنِينَ
    ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئوغۇللارنى قويۇپ قىزلارنى تاللىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (153-157) ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ ئوغۇل - قىز ھەممە بالىلارنىڭ ياراتقۇچىسى تۇرسا، سىلەر ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى، سىلەر ياقتۇرىدىغان ئوغۇللاردىن ئۈستۈن كۆردىمۇ؛ ئوغۇللارنى سىلەرگە قويۇپ، قىزلارنى ئۆزىگە تاللىدىمۇ؟! نېمە ئۈچۈن دەلىلسىز ھۆكۈم قىلىسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار نەگە كەتتى؟! نېمىشقا بۇنداق ناشايان گەپنى قىلىسىلەر؟! نېمىشقا بۇ گەپنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمايسىلەر؟! ياكى سىلەرنىڭ بۇ دەۋايىڭلارغا ئوچۇق دەلىلىڭلار بارمۇ؟ ئەگەر بۇ دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار بىرەر ئىلاھىي كىتابتىن دەلىل كەلتۈرۈڭلار!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  154. مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە نېمە بولدىكىن؟ قانداقمۇ بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  155. (37-سۈرە ساففات، 155-ئايەت) غەپلەت رېتورىكىلىق سوئاللار
    أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    ئويلاپ باقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبرەت ئالمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئويلاپ باقمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  156. أَمْ لَكُمْ سُلْطَانٌ مُبِينٌ
    ياكى (ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى سىلەرنىڭ ئوچۇق دەلىلىڭلار بارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  157. (37-سۈرە ساففات، 157-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار ھەق
    فَأْتُوا بِكِتَابِكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    (ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر راستچىل بولساڭلار، كىتابىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

  158. (37-سۈرە ساففات، 158-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب جىن شېرىك
    وَجَعَلُوا بَيْنَهُ وَبَيْنَ الْجِنَّةِ نَسَبًا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ الْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
    ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا ـ باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار -دوزاخقا- چوقۇم ھازىر قىلىنغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھ بىلەن جىنلار ئارىسىدا نەسەب ئويدۇردى. ھالبۇكى، جىنلار ئۆزلىرىنىڭ ھېساب مەيدانىغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا نەسەب ئويدۇردى؛ ئۇلار: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ ئاللاھقا تۆھمەت قىلدى، «ئۇلارنىڭ ئانىلىرى كىم؟» دېگەن سوئالغا، «جىنلارنىڭ ئېسىل خانىملىرى» دەپ جۆيلۈدى. ھالبۇكى، جىنلار بۇ تۆھمەتنى ئويدۇرغان ۋە ئېيتقانلارنىڭ قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنداق مۇناسىۋەت بولىدىغان بولسا، ئۇلار راست گەپ قىلغان بولىدۇ ۋە ئازابقا لايىق بولمايدۇ. دېمەككى ئۇ مۇشرىكلار يالغان ئېيتماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  159. (37-سۈرە ساففات، 159-ئايەت) ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكى تەۋھىد
    سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
    ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر؛ ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن، جورىسى بولۇشتىن، جىنلارنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ قانداقلا بىرى بىلەن تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولۇشتىن پاكتۇر، ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  160. إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئاللاھنى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى ئاللاھقا بوھتان چاپلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    لېكىن ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە توغرا تاللىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆز ئىلتىپاتىغا لايىق كۆرگەن بەندىلىرى ئاللاھقا بوھتان چاپلىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھنى ئۇلۇغلۇق ۋە مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدۇ، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئېھتىرام قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا لايىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  161. (37-سۈرە ساففات، 161-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك
    فَإِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ
    (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى كاپىرلار!- شۈبھىسىزكى، سىلەر ۋە سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەر بارغۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنكارچىلار! سىلەرمۇ ۋە مەبۇدلىرىڭلارمۇ — ئەنەس ئالىم

    (161-163) ئى مۇشرىكلار! سىلەرمۇ ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلارمۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ۋە تەۋپىقىگە مۇيەسسەر بولغان بىر كىشىنى، ئاللاھقا قارشى بۇزۇپ ئازدۇرۇشقا قادىر ئەمەس؛ ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى، توغرا تاللىشى ۋە ھەقنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئاللاھ ئۆز يولىغا قوبۇل قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغان كىشىنى سىلەرمۇ ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ، ھەتتا بۇنى سىلەرنىڭ كاتتىۋېشىڭلار ئىبلىسمۇ قىلالمايدۇ. سىلەر پەقەت دوزاخقا كىرىدىغان كىشىنى ئازدۇرالايسىلەر؛ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن دوزاخ يولىنى تاللىغان كىشى سىلەرگە ئەگىشىدۇ، سىلەر ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا ئەگەشتۈرەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  162. مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ بِفَاتِنِينَ
    (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر، ئازدۇرالمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا قارشى ھېچكىمنى ئازدۇرۇشقا قادىر ئەمەس. — ئەنەس ئالىم

  163. (37-سۈرە ساففات، 163-ئايەت) دوزاخ ئازابى كاپىرلىق
    إِلَّا مَنْ هُوَ صَالِ الْجَحِيمِ
    (ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (ئاللاھ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ دوزاخقا كىرىشنى پۈتۈۋەتكەن كىشىدىن باشقا ھېچ كىمنى. — تەرجىمە ھەيئىتى

    دوزاخقا كىرىدىغان كىشى مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم

  164. (37-سۈرە ساففات، 164-ئايەت) پەرىشتىلەر غەيبكە ئىشىنىش
    وَمَا مِنَّا إِلَّا لَهُ مَقَامٌ مَعْلُومٌ
    (پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار — مۇھەممەد سالىھ

    «ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ھەر بىرىمىزنىڭ مەلۇم بىر ماقامى بار. — ئەنەس ئالىم

    (164-166) ئى مۇشرىكلار! سىلەر: «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەۋاتقان پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىش بىلەن بەند ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەربىرىمىزنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش ئۈچۈن تۇرىدىغان مۇئەييەن ئورنىمىز بار، بىز ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىش ئۈچۈن سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز، بىز ئاللاھنىڭ ھەرقانداق ئەيىب ۋە نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرغۇچىلارمىز، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى ئادا قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلارمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  165. وَإِنَّا لَنَحْنُ الصَّافُّونَ
    بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز. — ئەنەس ئالىم

  166. وَإِنَّا لَنَحْنُ الْمُسَبِّحُونَ
    بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھقا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز». — ئەنەس ئالىم

  167. وَإِنْ كَانُوا لَيَقُولُونَ
    ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھەمىشە دەيدۇكى: — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇشرىكلار مۇنداق دەيتتى: — ئەنەس ئالىم

    (167-170) ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار سەن پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن ئىلگىرى: «ئەگەر قولىمىزدا بۇرۇنقىلارنىڭ كىتابلىرىدەك بىرەر ئىلاھىي كىتاب بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇ كىتابقا بويسۇنۇپ ئاللاھنىڭ ئۆز ئىلتىپاتىغا لايىق كۆرىدىغان بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيتتى، لېكىن ئۇلار سەن قۇرئان بىلەن بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ كەلگەندە ساڭا ئەگەشمىدى، قۇرئانغا بويسۇنمىدى. ئۇلار يېقىندا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىدۇ؛ ئەگەر تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتمىسە كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  168. (37-سۈرە ساففات، 168-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار كاپىرلىق
    لَوْ أَنَّ عِنْدَنَا ذِكْرًا مِنَ الْأَوَّلِينَ
    ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك بىر كىتاب بولسا ئىدى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئەگەر قولىمىزدا بۇرۇنقىلاردىن قالغان بىرەر ئىلاھىي كىتاب بولسا ئىدى، — ئەنەس ئالىم

  169. لَكُنَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
    ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق». — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق». — ئەنەس ئالىم

  170. (37-سۈرە ساففات، 170-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    فَكَفَرُوا بِهِ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
    ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلار -قۇرئان- نى ئىنكار قىلدى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلار ھازىر قۇرئاننى ئىنكار قىلدى. ئۇلار يېقىندا بىلىپ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  171. وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا الْمُرْسَلِينَ
    بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزنىڭ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن بەندىلىرىمىز توغرۇلۇق بۇرۇن قىلغان سۆزىمىز مۇنداق: — ئەنەس ئالىم

    (171-175) ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن بەندىلىرىمىز توغرۇلۇق بۇرۇن قىلغان سۆزىمىز مۇنداق: «ئۇلارغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىلىدۇ. بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئەلۋەتتە غالىب كېلىدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۇ مۇشرىكلاردىن بىر مۇددەتكىچە يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن، شۇنىڭغا جەزمەن ئىشەنگىنكى، ئاقىۋەتتە سەن غالىب كېلىسەن، ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىغا يېقىندا ئۆزلىرى ئىنكار قىلغان ئازاب كېلىدۇ. بۇنى سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  172. إِنَّهُمْ لَهُمُ الْمَنْصُورُونَ
    ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئۇلارغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  173. وَإِنَّ جُنْدَنَا لَهُمُ الْغَالِبُونَ
    بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئەلۋەتتە غالىب كېلىدۇ». — ئەنەس ئالىم

  174. (37-سۈرە ساففات، 174-ئايەت) سەۋرچانلىق پەيغەمبەرگە تەسەللىي
    فَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن بىر مۇددەتكىچە يۈز ئۆرۈگىن. — ئەنەس ئالىم

  175. وَأَبْصِرْهُمْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
    ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى كۆزەتكىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي كۆرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ[6]. — ئەنەس ئالىم

  176. (37-سۈرە ساففات، 176-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
    ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئازابىمىزنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (176-179) ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە ئازابقا يولۇقىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى يەتكۈزسەڭ، ئۇلار مەسخىرە قىلىپ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزغا دۇچار بولغاندا، ئىلگىرى ئۇ ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەتىگىنى بەك يامان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار تۇيۇقسىز ئازابىمىزغا يولۇقۇپ تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا سەن ئۇلاردىن بىر مۇددەتكىچە يۈز ئۆرۈگىن؛ ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن؛ ئاقىۋەت ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  177. فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَاءَ صَبَاحُ الْمُنْذَرِينَ
    ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ

    ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئازابىمىز ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەندە، ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەتىگىنى بەك يامان بولىدۇ! — ئەنەس ئالىم

  178. (37-سۈرە ساففات، 178-ئايەت) سەۋرچانلىق پەيغەمبەرگە تەسەللىي
    وَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن بىر مۇددەتكىچە يۈز ئۆرۈگىن. — ئەنەس ئالىم

  179. وَأَبْصِرْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ
    ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى كۆزەتكىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي كۆرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرگىن، ئۇلارمۇ يېقىندا كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  180. سُبْحَانَ رَبِّكَ رَبِّ الْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ
    قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    قۇدرەت ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېنىڭ ئىززەتنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىڭ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر[7]. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ، يەنى ئىززەت، غەلىبە ۋە ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  181. وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ
    پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن! — مۇھەممەد سالىھ

    پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچىلەرگە سالام بولسۇن! — ئەنەس ئالىم

    بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن بەندىلەرگە مۇبارەك بولسۇن، چۈنكى ئۇلار بىز تاپشۇرغان ۋەزىپىنى لايىقىدا ئورۇنداپ ئاخىرى نۇسرىتىمىزگە ئېرىشتى. ئۇلار ئاخىرەتتىمۇ يۇقىرى دەرىجىگە ۋە ئالىي ماقامغا ئېرىشىدۇ؛ ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىزنىڭ ئىلتىپاتىمىزغا لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا مۇبارەك بولسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  182. وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر! — مۇھەممەد سالىھ

    جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! — ئەنەس ئالىم

    بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان، ھەر نەرسىسىگە لازىمەتلىك نەرسىنى بېرىپ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغان، خۇسۇسەن ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىپ ئۇلارنى بەخت - سائادەت يولىغا چاقىرغان، قوبۇل قىلغانلارغا مۇكاپات، ئىنكار قىلغانلارغا جازا بەرگەن ۋە قىيامەت كۈنى ھەر كىشىنىڭ ئەسلىي مۇكاپاتىنى ياكى ئەسلىي جازاسىنى بېرىدىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن؛ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى نېمىدېگەن چوڭقۇر، ھۆكمى نېمىدېگەن ئادىل، قىلغان ھەر ئىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى