ھۇد سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 123 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: ھۇد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (50~60-ئايەتلەر)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِنْ لَدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ
    ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام، ۋەز ۋە قىسسەلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئايەتلىرى ھېكمەتلىق قىلىنغان ئاندىن تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن، ئايەتلىرى ئىخچام ۋە ئېنىق قىلىپ تۈزۈلگەن ھەمدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر[1].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئەلىف، لام، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! ئى ئىنسانلار! مەن سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان بۇ كىتاب (قۇرئان)، بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ھېكمىتى بويىچە پىلانلاپ ئىجرا قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن ئايەتلىرى پۇختا تۈزۈلگەن ۋە بايان قىلىنغان كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۚ إِنَّنِي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
    (ئېيتقىنكى، بۇ كىتاب): سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن (نازىل بولغان). شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    -ئېيتقىنكى-: «سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ كىتابنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەنە شۇنداق تۈزۈلۈپ ۋە بايان قىلىنىپ نازىل قىلىنىشى، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. مەن (مۇھەممەد) بولسام، ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ كىتاب بىلەن يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە ياخشى ئاقىۋەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلدىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعًا حَسَنًا إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ
    سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر ئىماندىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن[ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنە بىر سەۋەب شۇكى، رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە ئوبدان ياشىتىدۇ ۋە ھەر پەزىلەتلىك كىشىگە پەزىلەتلىك ئىشىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بېشىڭلارغا چوڭ كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، بۇ كىتابنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەنە شۇنداق تۈزۈلۈپ ۋە بايان قىلىنىپ نازىل قىلىنىشى سىلەرنىڭ رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەپ، يامانلىقتىن يېنىشىڭلار ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۇنىڭغا يۆنىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئىستىغپار ئېيتساڭلار ۋە توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ماڭساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دۇنيادا ئەجىلىڭلار توشقۇچە ئوبدان ياشىتىدۇ ۋە ھەر ياخشى ئىش قىلغان كىشىگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ. ئەگەر بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلماي كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرساڭلار، مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشىڭلاردىن قورقىمەن. ئۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى بولۇپ بەك قاتتىقتۇر، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    (ئۆلگەندىن كېيىن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۆلگەندىن كېيىن- ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    سىلەرنىڭ ئاخىرى بارىدىغان يېرىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (11-سۈرە ھۇد، 5-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى
    أَلَا إِنَّهُمْ يَثْنُونَ صُدُورَهُمْ لِيَسْتَخْفُوا مِنْهُ ۚ أَلَا حِينَ يَسْتَغْشُونَ ثِيَابَهُمْ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    راستتىنلا ئۇلار(يەنى كاپىرلار) (رەسۇلۇللاھ قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىرىدە) ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن يۈز ئۆرۈيدۇ، راستتىنلا ئۇلار كىيىملىرى بىلەن چۈمكىنىۋالغانلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    راستىنلا كاپىرلار ئۇنىڭدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن يۈز ئۆرۈيدۇ، راستتىنلا ئۇلار كىيىملىرى بىلەن چۈمكىنىۋالغانلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاگاھ بولۇڭلاركى، كافىرلار ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنۇش ئۈچۈن تۈگۈلۈۋالىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار كىيىملىرىگە يۆگىنىۋالغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىلىرىنى بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى: قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەن تەرسالار «ئاللاھتىن يوشۇرىمىز» دەپ گۇمان قىلىپ، سىرلىرىنى ئاللاھتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن كۆكسىلىرىنى ئىگىپ تۈگۈلىدۇ. ئۇ ئەخمەقلەرنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى: بۇ ئىگىلىپ تۈگۈلۈشنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلار كىيىملىرىگە چۈمكەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ دىللاردىكى نىيەت ۋە سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى بىرىنچى ئايەت كۆرسىتىدۇكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى كىتابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدىغان ئايەتلەردۇر، يەنە بىرى ئۇلارنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (11-سۈرە ھۇد، 6-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى رىزىق
    وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا وَيَعْلَمُ مُسْتَقَرَّهَا وَمُسْتَوْدَعَهَا ۚ كُلٌّ فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
    يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن) كۆمۈلىدىغان جايىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا(يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن كۆمۈلىدىغان جاينى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابتا يېزىلغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىندىكى ھەربىر جانلىقنىڭ رىزقىنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ ھەربىرىنىڭ قارارگاھىنى ۋە ئامانەت قويۇلغان يېرىنى بىلىدۇ. ھەممىسى روشەن كىتابتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارغا، زېمىندا (قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلاردا) ياشايدىغان باشقا بارلىق جان - جانىۋارلارغا ۋە ھاۋادا ئۇچىدىغان بارلىق ئۇچارقاناتلارغا رىزىق بېرىش ئاللاھقا ئائىتتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى تۇرالغۇ جايلىرىنى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەتكىچە تۇرىدىغان جايلىرىنى بىلىدۇ. ھەممىسى (ئىنسانلار، باشقا جانلىقلار، ئۇلارنىڭ رىزىقلىرى، قارارگاھ ۋە ئامانەت قويۇلىدىغان جايلىرى) روشەن كىتابتا يېزىلغاندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَكَانَ عَرْشُهُ عَلَى الْمَاءِ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۗ وَلَئِنْ قُلْتَ إِنَّكُمْ مَبْعُوثُونَ مِنْ بَعْدِ الْمَوْتِ لَيَقُولَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان ـ زېمىننى يارىتىشتىن ئىلگىرى) ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن(مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇپەقەت روشەن سېھىردۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ياراتتى. -ئى مۇھەممەد!- ئەگەر سەن-مەككە كۇففارلىرىغا-: «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. بۇرۇن ئۇنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى قايسىڭلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ياراتتى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا: «ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر!» دېسەڭ، ئۇ كافىرلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان زاتتۇر. ئۇلارنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ «ئەرشى» سۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئى ئىنسانلار! ئۇلارنى بىزنىڭ يارىتىشىمىز بىكارغا ئەمەس، ئەكسىچە قايسىڭلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ياخشىلىقىنى سىناشتىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر، يەنى كائىناتنى، ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ۋە ئۇلاردىكى مۇكەممەل ئىنتىزامنى سىلەرگە سىناق مەيدانى ۋە شارائىتى تەييارلاش ئۈچۈن ياراتتۇق. ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، «ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىشىڭلار ۋە ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشىڭلار ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر» دېسەڭ، ئۇ كافىرلار: «مۇھەممەدنىڭ بۇ سۆزى ئوپئوچۇق سېھىردۇر، يەنى ئىنسانلارنى دۇنيانىڭ كەيپ - ساپالىرىدىن ياندۇرۇپ، ئۆز ئەتراپىغا يىغىش ئۈچۈن ئېيتىلغان سېھىرلىك سۆزدۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (11-سۈرە ھۇد، 8-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِلَىٰ أُمَّةٍ مَعْدُودَةٍ لَيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُ ۗ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك ، ئۇلار چوقۇم(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ. راستتىنلا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم: «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ، راستتىنلا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ ۋە ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز ئۇلاردىن ئازابنى چەكلىك مۇددەتكىچە كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم: «ئۇ ئازابنى نېمە توسىدۇ؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ ئازاب ئۇلارغا كەلگەن كۈنى، ئۇلاردىن ھەرگىزمۇ قايتۇرۇلمايدۇ. ئۇلار مەسخىرە قىلغان نەرسە ئۇلارنى چوقۇم قورشىۋالىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر بىز ئۇ مۇشرىكلارنىڭ باشلىرىغا كېلىشىنى ئېيتقان ئازابنى ئۇلاردىن بىر مۇددەت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار ئىنكاردا تېخمۇ ئەزۋەيلەپ ۋە مەسخىرە قىلىپ: «ئى مۇھەممەد! ئىمان كەلتۈرمىسەك بېشىمىزغا ئازاب كېلەتتىغۇ! قېنى ئازاب؟ ئازابنىڭ كېلىشىگە نېمە توسالغۇ بولدى؟» دەيدۇ. ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى: ئۇ ئازاب ئۇلارغا چوقۇم كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە ئۇ ئازابنى ئۇلاردىن توسالمايدۇ، قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ. ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىۋالىدۇ. ئاللاھ تائالا 8 - ئايەتتە كافىرلارغا كېلىدىغان ئازابنىڭ ۋاقىت توشقاندا چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 9 ~ 11 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇ ئازابقا ئۆزلىرىنىڭ يامان قىلمىشلىرى بىلەن لايىق بولغانلىقىنى، ناۋادا قىلمىشلىرى ياخشى بولغان بولسا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (11-سۈرە ھۇد، 9-ئايەت) ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى شۈكۈر
    وَلَئِنْ أَذَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنَّا رَحْمَةً ثُمَّ نَزَعْنَاهَا مِنْهُ إِنَّهُ لَيَئُوسٌ كَفُورٌ
    ئەگەر بىز ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق (يەنى نېمىتىمىزنى بەرسەك)، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز بىرەر ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ ۋە كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز ئىنسانغا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىرەر رەھمەت تېتىتىپ، ئاندىن ئۇ رەھمەتنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم ئۈمىدسىز ۋە تۇزكور بولۇپ كېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (9-11) ئەگەر بىز يامان ئىنسانغا ئىلتىپات قىلىپ ئاتا قىلغان بىرەر ياخشىلىقنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم رەھمىتىمىزدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ ۋە كۇفرىلىق قىلىدۇ. ناۋادا بىز ئۇنىڭغا قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىپ بىرەر نېمەت ئاتا قىلساق، ئۇ چوقۇم: «يامانلىقلار مېنى تەرك ئەتتى» دەيدۇ، ھەقىقەتەن كۆرەڭلەيدۇ ۋە پوچىلىق قىلىدۇ. لېكىن قىينچىلىقتا سەۋر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ياخشى ئىنسانلار چوقۇم مەغپىرەتكە ۋە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 7 ~ 10 - ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدىكى بەزى مۇشرىكلارنىڭ ناشايان سۆزلەرنى قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى رەنجىتكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى تونۇتىدۇ. 12 ~ 14 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە ئۇنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئۇ تەرسالارغا جەڭ ئېلان قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (11-سۈرە ھۇد، 10-ئايەت) كىبىر شۈكۈر
    وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ نَعْمَاءَ بَعْدَ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ السَّيِّئَاتُ عَنِّي ۚ إِنَّهُ لَفَرِحٌ فَخُورٌ
    ئەگەر بىز (پېقىرلىق ، كېسەللىك، قاتتىقچىلىق قاتارلىق) بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى (ئەمدى كەلمەيدۇ)» دەپ شەك -شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز ئۇنى بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى» دەپ شەك شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن نېمەت تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «يامانلىقلار مەندىن كەتتى» دەيدۇ، خۇشال بولۇپ ئەركىلەيدۇ، كۆرەڭلەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  11. إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَٰئِكَ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
    پەقەت (بالاغا ئۇچرىغاندا) سەۋرى قىلغان، (نېمەتكە ئېرىشكەندە) ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر(ياخشىلاردۇر). ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار(ئاخىرەتتە) چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سەۋرى قىلغان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر مۇستەسنا. ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەۋر قىلغان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۇنداق ئەمەس. ئەنە شۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار.‏ — ئەنەس ئالىم

  12. (11-سۈرە ھۇد، 12-ئايەت) ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر
    فَلَعَلَّكَ تَارِكٌ بَعْضَ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَضَائِقٌ بِهِ صَدْرُكَ أَنْ يَقُولُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ كَنْزٌ أَوْ جَاءَ مَعَهُ مَلَكٌ ۚ إِنَّمَا أَنْتَ نَذِيرٌ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە (ئۇنى تەستىقلايدىغان) بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەت (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ: «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنى تەستىقلايدىغان بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىڭ بىر قىسمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بەلكى سەن، ئۇلارنىڭ: «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى، ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دېگەنلىكى ئۈچۈن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەرك ئېتىشىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن يۈرىكىڭ سىقىلىشى مۇمكىن. سەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن مۇشرىكلارغا، «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ماڭا ئەگىشىڭلار» دەپ ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار: «سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولىدىغان بولساڭ، ئاللاھ ساڭا نېمىشقا بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈپ بەرمىدى؟ ياكى سەن بىللە نېمىشقا بىرەر پەرىشتىمۇ ئەلچى بولۇپ كەلمىدى؟» دەپ باھانە كۆرسىتىپ ساڭا قارشى چىقتى. بۇ سەۋەبتىن سەن ئۇلارنى مەمنۇن قىلىش ئارزۇسى بىلەن، تەۋھىدكە بۇيرۇيدىغان، شېرىكتىن توسىدىغان، بۇتلارنىڭ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ۋە بۇتلارغا چوقۇنۇشنى ئەيىبلەيدىغان ئايەتلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزمەسلىكىڭ مۇمكىن ياكى ئۇ ئايەتلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈۋېتىپ يۈرىكىڭ سىقىلىشى مۇمكىن. ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ تەرسالىقىغا پەرۋا قىلمىغىن، ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغىن، چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى، ئاللاھ ھەر ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ ۋە يېقىندا ئۇ تەرسالارغا تېگىشلىك جازانى تېتىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (11-سۈرە ھۇد، 13-ئايەت) قۇرئاننىڭ ئوخشىشى يوق
    أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا بِعَشْرِ سُوَرٍ مِثْلِهِ مُفْتَرَيَاتٍ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار قۇرئاننى(مۇھەممەد) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرە ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قۇرئاننى-مۇھەممەد- ئۆزى توقۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «-بۇ سۆزۈڭلاردا- راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ، قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرە توقۇپ چىقىپ بېقىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇرۇپ چىقتى» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «قۇرئانغا ئوخشايدىغان ئون ئويدۇرما سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار ۋە ئاللاھتىن باشقا كىمنى چاقىرالىساڭلار ھەممىسىنى ياردىمىڭلارغا چاقىرىڭلار، ئەگەر راستچىل بولساڭلار».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ مۆجىزىسى بولغان قۇرئان ھەققىدە: «ئۇنى مۇھەممەد توقۇپ چىقتى» دەمدۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ناۋادا بۇ قۇرئاننى مەن توقۇپ چىققان بولسام، بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئىنسانلارنىڭ مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا سىلەر بۇ قۇرئاننىڭ تىلى بولغان ئەرەبچىنى ئوبدان بىلىدىغان كىشىلەر ۋە ماڭا ئوخشاش ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن قۇرئانغا ئوخشايدىغان ئون دانە سۈرە توقۇپ چىقىپ مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، بۇنى قىلىش ئۈچۈن ئىنسان ۋە جىنلاردىن كۈچۈڭلار يەتكەنلىكى كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، ئەگەر ‹قۇرئان ئىنسان سۆزى› دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار بۇنى قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (11-سۈرە ھۇد، 14-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئىمان
    فَإِلَّمْ يَسْتَجِيبُوا لَكُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا أُنْزِلَ بِعِلْمِ اللَّهِ وَأَنْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
    ئەگەر ئۇلار(بۇ چاقىرىقىڭلارغا) ئاۋاز قوشمىسا، بىلىڭلاركى، قۇرئان ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن نازىل قىلىنغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر ئەمدىغۇ (ئاللاھقا) بويسۇنارسىلەر! — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار -بۇ چاقىرىقىڭلارغا- ئاۋاز قوشمىسا، بىلىڭلاركى، قۇرئان ئاللاھنىڭ ئىلمى بىلەن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئەمدى سىلەر-ئاللاھقا- بويسۇنۇسىلەرغۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار دېگىنىڭلارنى قىلالمىسا، بىلىڭلاركى، قۇرئان پەقەت ئاللاھنىڭ ئىلمى بىلەن نازىل قىلىنغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەمدىغۇ مۇسۇلمان بولىدىغانسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىن سىلەر ۋە ياردەمگە چاقىرغان كىشىلىرىڭلار بىرلىشىپ ئاجىز كەلسەڭلار، بىلىڭلاركى: بۇ قۇرئاننى ئاللاھ ئۆز ئىلمى بىلەن نازىل قىلغان، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ۋە ئاللاھ قىلغان ئىشنى ھېچبىر مەخلۇق قىلالمايدۇ. ئى مۇشرىكلار! قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلدىڭلار ۋە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى، ئەمدىغۇ ھەقكە بويسۇنۇپ مۇسۇلمان بولارسىلەر!». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، «قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇردى» دېگەن مۇشرىكلارغا، (ھېچقانداق باھانە كۆرسىتەلمەسلىكلىرى ئۈچۈن) دەسلەپتە ئىنسانلار ۋە جىنلار بىرلىشىپمۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقا، ئاندىن بارلىق ياردەمچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئون سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىشلىرىنى ئېيتىشقا، ئاندىن بىرەر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىشلىرىنى ئېيتىشقا، ئاندىن بىر سۆز كەلتۈرۈپ بېقىشلىرىنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن (ئايەتلەر ئارقىلىق) مۇشرىكلارغا قويغان بۇ تەكلىپ قۇرئان كەرىمدە مەۋجۇد بولۇپ، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا قىيامەتكە قەدەر قۇرئان كەرىم ھەققىدە شۈبھە قىلىدىغان ھەر كىشى ۋە ھەر جامائە ئۈچۈن كۈچكە ئىگىدۇر. تارىخ بويىچە ھېچكىم بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھېچبىرىگە ئەمەلىي بىرەر جاۋاب بېرەلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىيامەتكە قەدەر ئەسلا جاۋاب بېرەلمەيدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كىتابى بولۇپ، ئۇ ھەر جەھەتتىن مۆجىزىدۇر. ئۇنداقتا، ئىنكارچىلارنىڭ ئالدىدا بىرلا يول قالىدۇ. ئۇ بولسىمۇ تەۋبە قىلىپ ھەقكە قايتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزۇشتۇر. ئاللاھ تائالا 13 - ۋە 14 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمگە قارشى چىققانلارنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈپ بويسۇنۇشتىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 15 ~ 17 - ئايەتلەردە بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى تونۇپ يېتىپمۇ يەنىلا ئۇنىڭغا بويسۇنمىغانلارنىڭ، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئەلا بىلگەنلىكى ئۈچۈن بويسۇنمىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئانغا بويسۇنغانلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتنى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. مَنْ كَانَ يُرِيدُ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَالَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ
    (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ - زىننىتىنى(يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم دۇنيا ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ زىننىتىنى كۆزلىسە، ئۇلارغا دۇنيادا ئەمەللىرىنىڭ ھەققىنى تولۇق بېرىمىز، ئۇلار ئۇ يەردە ھېچبىر زىيانغا ئۇچرىتىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (15-16) كىمكى مۇشۇ دۇنيادا كەيپ - ساپا سۈرۈشنىلا كۆزلەيدىكەن، بىز ئۇلارغا بېكىتكەن قانۇنىمىز بويىچە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتجىلىرىنى كەم - كۈتسىز تولۇق بېرىمىز. ئۇلارغا ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوق. ئۇلارنىڭ خەير - ساخاۋەت، سىيلە - رەھىم ۋە دۇرۇس مۇئامىلىگە ئوخشاش ياخشى ئەمەللىرى (ئىمان شەرتى ئورۇندالمىغانلىق ئۈچۈن) بىكار بولۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق بېرىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بولسا، دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەنلەردىن ئۆزى ئىرادە قىلغان كىشىگە ئۆزى خالىغان نەرسىنى بېرىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەككى، دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى نەتىجىگە ئېرىشمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلاردىن ئاللاھ ئىرادە قىلغان كىشى ئاللاھ خالىغان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۆزگەرمەس ئاقىۋەت ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (11-سۈرە ھۇد، 16-ئايەت) دوزاخ ئازابى ئىلاھىي ئازاب
    أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ إِلَّا النَّارُ ۖ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا فِيهَا وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان(ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان ئەمەللىرى بىكار قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوتتىن باشقا نەرسىلىرى بولمىغان ۋە قىلغان ئىشلىرى ئۇ يەردە بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى باتىلدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  17. أَفَمَنْ كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّهِ وَيَتْلُوهُ شَاهِدٌ مِنْهُ وَمِنْ قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ أُولَٰئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۚ وَمَنْ يَكْفُرْ بِهِ مِنَ الْأَحْزَابِ فَالنَّارُ مَوْعِدُهُ ۚ فَلَا تَكُ فِي مِرْيَةٍ مِنْهُ ۚ إِنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
    پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل (يەنى قۇرئان) غا ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟). ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدۇ، قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب (يەنى تەۋرات) (ئىسرائىل ئەۋلادىغا) يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ(نازىل قىلىندى)، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا (ھەقىقىي) ئىشىنىدۇ، (ھەرقانداق) جامائەدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر. قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل -قۇرئان- غا ئاساسلانغان ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى -جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام- قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەن ئادەم، -ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟- ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب-يەنى تەۋرات-، يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ -نازىل قىلىنغان ئىدى-، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ، كۇففار جامائەلىرىدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر، شۇڭا قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنۇ كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ: ئۇ رەببىدىن كەلگەن دەلىلگە ئاساسلىنىدۇ، ئۇنى رەببىدىن كەلگەن شاھىت قوللايدۇ، مۇسانىڭ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل بولغان يېتەكچى ۋە رەھمەت سۈپىتىدىكى كىتابى تەستىقلايدۇ. ئەنە شۇلار قۇرئانغا ئىشىنىدۇ. گۇرۇھلاردىن كىم قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، دوزاخ ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جايدۇر. شۇڭا ئۇ قۇرئاندىن ھېچ شۈبھىلەنمىگىن. ئۇ چوقۇم رەببىڭدىن كەلگەن ھەقتۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! دۇنيادا ياشاشتىن دۇنيا مەنپەئەتىنىلا كۆزلىگەن ۋە كۆزلىگەن مەنپەئەتىدىن پەقەت ئاللاھ خالىغانغىلا ئېرىشەلەيدىغان، لېكىن ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلىنىشى قەتئىي بولغان ئەنە شۇ كىشى، رەببىدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان، ئۆزى تەرىپدىن گۇۋاھچى قوللايدىغان، مۇسانىڭ ئىلگىرى ئىنسانلارغا يېتەكچى ۋە رەھمەت بولغان كىتابى تەستىقلايدىغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ئەنە شۇ ئىككىنچى كىشىلەر قۇرئانغا ئىشىنىدۇ. گۇرۇھلاردىن قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئى مۇھەممەد! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قۇرئاندىن شۈبھىلەنمىگىن. شۈبھىسىزكى، قۇرئان رەببىڭدىن كەلگەن ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «ئۇنى ئۆزىدىن بولغان گۇۋاھچى قوللايدۇ» دېگەن ئىپادىدىكى گۇۋاھچى «ئۆزىنىڭ فىترىتى ۋە ئەقلى» دېمەكتۇر. «گۇرۇھلاردىن كىم قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، دوزاخ ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جايدۇر» دېگەن جۈملىدىكى «گۇرۇھلار» قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسان گۇرۇھلىرىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ تائالا 12 ~ 17 - ئايەتلەردە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى ئۆزى توقۇپ چىقىپ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان، شۇنداقلا قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارنىڭ دەۋاسىنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز قالغانلىقىنى، لېكىن دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئەلا بىلگەنلىكى ئۈچۈن قۇرئانغا ئىشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ قۇرئانغا ئىشەنگەنلەر بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. 18 ~ 24 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھقا بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت ئەڭ بۈيۈك زۇلۇمنى قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرى كۇفرىلىق قىلىپلا قالماي باشقىلارنىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلارنىڭ ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇ ئىككى پىرقە (مۇئمىنلار بىلەن مۇشرىكلار)نىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (11-سۈرە ھۇد، 18-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب يالغانچىلىق
    وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۚ أُولَٰئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الْأَشْهَادُ هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ أَلَا لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
    ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار(قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ. گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستتىنلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار رەببىغا توغرىلىنىدۇ، گۇۋاھچىلار: «بۇلار رەببى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستتىنلا ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بۇنداق ئادەملەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىدۇ ۋە گۇۋاھچىلار: «بۇلار رەببىگە يالغان چاپلىغان كىشىلەردۇر!» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارنىڭ ئۈستىگە ياغىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (18-19) ئۆزلىرى قەبىھ ئىشنى قىلىپ بولۇپ، ئاندىن «بىزنى بۇ ئىشقا ئاللاھ بۇيرۇدى» دېيىش، ئۆزلىرى ھالالنى ھارام دېيىشىپ ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈپ، ئاندىن: «بۇنى ئاللاھ خالىدى» ديىش بىلەن ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ بىزنىڭ ئەلچىمىز، قۇرئاننىڭ بىزنىڭ كىتابىمىز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىۋاتقان، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن ۋە ئۇنىڭ مۆجىزىلىكىنى، شۇنداقلا سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ راستلىقىنى تونۇپ يەتكەن، لېكىن دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەلا بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلغان ئەنە شۇ مۇشرىكلار، شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئەڭ زالىم كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ، قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزدا رەسۋا قىلىنىدۇ ۋە لەنەتلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئاللاھنىڭ يولىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ۋە باشقىلارنى ئۇ يولدىن توسىدىغان، ئۇ يولنى ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغا بويسۇندۇرۇپ قىڭغىر ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان يامان ئادەملەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (11-سۈرە ھۇد، 19-ئايەت) كاپىرلىق ئازغۇنلۇق
    الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
    ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  20. (11-سۈرە ھۇد، 20-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    أُولَٰئِكَ لَمْ يَكُونُوا مُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ۘ يُضَاعَفُ لَهُمُ الْعَذَابُ ۚ مَا كَانُوا يَسْتَطِيعُونَ السَّمْعَ وَمَا كَانُوا يُبْصِرُونَ
    ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا (ئىگە بولىدىغان) ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ-قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (ھەقنى) ئاڭلاشقا ۋە (ھەقنى) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ھەقنى ئاڭلاشقا ۋە ھەقنى كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار زېمىندا قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيلىرىمۇ بولمايدۇ[2]. ئۇلارنىڭ ئازابى قاتمۇقات بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەقنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمايتتى ۋە ھەقنى كۆرمەيتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ ئادەملەر يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قوتۇلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھىي جازانى ئۆزلىرىدىن دەپئى قىلىدىغان دوست ۋە يېقىنلىرى بولمايدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتە ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەقنى قاتتىق يامان كۆرگەنلىكتىن ھەقنى ئاڭلاشقا ۋە كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايتتى؛ چىداپ تۇرالمايتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (11-سۈرە ھۇد، 21-ئايەت) كاپىرلىق
    أُولَٰئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
    ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى[ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى. ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى زىيان تارتىدىغان، ئويدۇرغان شاپائەتچى، ياردەمچى ۋە ھامىيلىرى ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتىدىغان ئادەملەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (11-سۈرە ھۇد، 22-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْأَخْسَرُونَ
    شەك يوقكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شەك يوقكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقۇچى كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچى كىشىلەر بولۇشى مۇقەررەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَخْبَتُوا إِلَىٰ رَبِّهِمْ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    شۈبھىسىزكى ، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا ئاجىزلىق بىلدۈرگەنلەر ـ ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئاجىزلىق بىلدۈرگەنلەر بارغۇ! ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە رەببىگە چىن قەلبىدىن بويسۇنغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە رەببىگە ئەستايىدىل ئىتائەت قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاخىرەتتە جەننەت ئەھلى بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (11-سۈرە ھۇد، 24-ئايەت) كاپىرلىق ئىمان
    مَثَلُ الْفَرِيقَيْنِ كَالْأَعْمَىٰ وَالْأَصَمِّ وَالْبَصِيرِ وَالسَّمِيعِ ۚ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    (كاپىرلار ۋە مۆمىنلەردىن ئىبارەت) ئىككى پىرقە بار، (بىر پىرقە) ئەماغا ۋە گاسقا ئوخشايدۇ، (يەنە بىر پىرقە بولسا) كۆزى كۆرۈدىغان ، قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر ـ بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئىبرەت ئالمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالى، كور ۋە گاس ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ۋە ئاڭلىغۇچى ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولامدۇ؟ ئويلانمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئىككى پىرقەنىڭ مىسالى مۇنداق: مۇشرىكلار كور ۋە گاس ئادەمگە ئوخشايدۇ، مۇئمىنلار كۆزى كۆرىدىغان ۋە قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئىككى پىرقە باراۋەر بولامدۇ؟ ھەرگىزمۇ باراۋەر بولمايدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىقنى چۈشىنىپ، يامان يولدىن يانساڭلار، ھەق يولغا كىرسەڭلار، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە لايىق بولساڭلار بولمامدۇ؟!. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا (تۆت ئايەتتە) قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئالدىنقى (24 -) ئايەتكىچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولغان تەۋھىد ( ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى)، نۇبۇۋۋەت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى) ۋە ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقى قاتارلىق ھەقىقەتلەرنىڭ دەلىللىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئاخىرەتتىكى جازاسىنى، قوبۇل قىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتىنى، شۇنداقلا بۇ ئىككى پىرقىنىڭ باراۋەر بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. 25 - ئايەتتىن باشلاپ، 99 - ئايەتكىچە بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەكىتلەيدۇ ۋە مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
    شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    (25-26) ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ، قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم، ۋەزىپەم سىلەرنى ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تەۋھىدكە ۋە ئىتائەتكە دەۋەت قىلىشتۇر. ئى قەۋمىم! ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنماڭلار، ناۋادا ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنساڭلار ياكى چوقۇنۇشتا ئاللاھتىن غەيرىينى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭلار، ئەلەملىك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر». ئەسكەرتىش: بۇ قىسسە (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى) ئىلگىرى ئىككى قېتىم قىسقىلا بايان قىلىنغان ئىدى. بۇ يەردە (25 ~ 49 - ئايەتلەردە) تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. أَنْ لَا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۖ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ أَلِيمٍ
    بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار، مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا ئەلەملىك كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

  27. فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ مَا نَرَاكَ إِلَّا بَشَرًا مِثْلَنَا وَمَا نَرَاكَ اتَّبَعَكَ إِلَّا الَّذِينَ هُمْ أَرَاذِلُنَا بَادِيَ الرَّأْيِ وَمَا نَرَىٰ لَكُمْ عَلَيْنَا مِنْ فَضْلٍ بَلْ نَظُنُّكُمْ كَاذِبِينَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىلىرى: «بىزنىڭچە، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن ، بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن، بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىۋاشلىرى: «بىزنىڭچە، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن، بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن، بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «بىز سېنى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان دەپ كۆرىمىز. ساڭا پەقەت ئىچىمىزدىكى تۆۋەن تەبىقىنىڭ ئويلانماستىن ئەگەشكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. سىلەرنىڭ بىزدىن بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭلار بارلىقىنىمۇ كۆرمەيۋاتىمىز، بەلكى سىلەرنى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «سەن بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، سەن قانداقچىسىغا بىزگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلگۈدەكسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ساڭا پەقەت ئىچىمىزدىكى تۆۋەن تەبىقىلا چۈشەنمەستىن ئەگەشتى ئەمەسمۇ! سىلەرگە ئەگىشەيلى دېسەك، سىلەرنىڭ بىزدىن بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، ئەسلىدە سىلەر يالغانچى ئادەملەرسىلەر» دەپ رەددىيە بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (11-سۈرە ھۇد، 28-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى نوھ
    قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَآتَانِي رَحْمَةً مِنْ عِنْدِهِ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنْتُمْ لَهَا كَارِهُونَ
    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟ — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن رەببىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە -پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە- سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرۈپ تۇرساڭلارمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن رەھمەت ئاتا قىلغان بولسا، سىلەر بۇنى كۆرەلمىگەن بولساڭلار، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ سىلەر ئۇنى يامان كۆرۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىز سىلەرنى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا زورلامدۇق؟ ‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرىدىن يۇقىرىدىكى سەلبىي جاۋابنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! مەن رەببىم ئاللاھتىن كەلگەن قەتئىي دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، رەببىم ئاللاھ ماڭا ئىلتىپات قىلىپ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلسا ۋە سىلەر دۇنيا ھاياتىغا ئالدىنىپ ئۇلارنى كۆرمىسەڭلار، مەن سىلەرگە نېمە دەيمەن ۋە قانداق قىلىمەن؟ سىلەر ئۇ ھەقىقەتلەرنى يامان كۆرۈپ تۇرساڭلارمۇ مەن ۋە مېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىم بولغان مۇئمىنلار سىلەرنى ئۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلايلىمۇ؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (11-سۈرە ھۇد، 29-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات نوھ
    وَيَا قَوْمِ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مَالًا ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۚ وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ إِنَّهُمْ مُلَاقُو رَبِّهِمْ وَلَٰكِنِّي أَرَاكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
    ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن. (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! سىلەرگە -دىننى- تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى يېنىمدىن قوغلىۋەتمەيمەن، چۈنكى ئۇلار، رەببىگە مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! مەن بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن مال - مۈلۈك سورىمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن ئىمان ئېيتقانلارنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىدىغان كىشى ئەمەس. چۈنكى ئۇلار رەببىگە مۇلاقات بولىدىغان كىشىلەردۇر. لېكىن سىلەر مېنىڭچە جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن بىرەر ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ ھەق بېرىدۇ. مەن سىلەر ياقتۇرمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن مۇئمىنلارنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىدىغان كىشى ئەمەس، چۈنكى ئۇ مۇئمىنلار قىيامەت كۈنى رەببى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ ۋە مەن ھازىر يېنىمدىن قوغلىۋەتكەن تەقدىردە ئۈستۈمدىن ئاللاھقا ئەرز قىلىدۇ. ئەمما مەن سىلەرنى، ئىنسانلارنىڭ قىممىتى بايلىق ۋە يۈز - ئابرۇي بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئىمان ۋە تەقۋالىققا بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان قەۋم دەپ كۆرۈۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر يېنىمدىكى مۇئمىنلارنى پەس كۆرۈۋاتىسىلەر ۋە ئۇلارنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (11-سۈرە ھۇد، 30-ئايەت) نوھ
    وَيَا قَوْمِ مَنْ يَنْصُرُنِي مِنَ اللَّهِ إِنْ طَرَدْتُهُمْ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى يېنىمدىن قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلانمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى قەۋمىم! ناۋادا مەن ئۇلارنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىپ ھەقنى ئاڭلاشتىن ۋە ئىلىم ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلسام، مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ تەپەككۇر قىلساڭلار ۋە ئۆز خاتالىقىڭلارنى چۈشەنسەڭلار، شۇنداقلا تەۋبە قىلىپ ھەقنى قوبۇل قىلساڭلار بولمامدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (11-سۈرە ھۇد، 31-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى نوھ
    وَلَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ إِنِّي مَلَكٌ وَلَا أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِي أَعْيُنُكُمْ لَنْ يُؤْتِيَهُمُ اللَّهُ خَيْرًا ۖ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِي أَنْفُسِهِمْ ۖ إِنِّي إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
    مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن، دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    مەن سىلەرگە: «مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار» دېمەيمەن، «غەيبنى بىلىمەن» دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە «ئۆزۈمنى پەرىشتە» دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى «ئاللاھ ئۇلارغا ئەسلا ياخشىلىق بەرمەيدۇ» دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە: ‹يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، غەيبنى بىلمەيمەن، ‹مەن پەرىشتە› دېمەيمەن، سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق: ‹ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ› دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. چۈنكى مەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ۋە مۇئمىن قېرىنداشلىرىمغا: «سىلەرنىڭ بىزدىن بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق» دەۋاتىسىلەر. توغرا، بىز ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىلەردىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىمىز يۇق. مەن سىلەرگە: «ماڭا ئەگىشىڭلار، ئىلكىمدە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، ماڭا ئەگەشسەڭلار سىلەرنى باي قىلىۋېتىمەن» دېگىنىم يوق، مەن غەيبنى بىلمەيمەن، مەن سىلەرگە: «مەن پەرىشتە» دەپ ئېيتقىنىممۇ يوق. مەن ناۋادا سىلەرگە بۇ سۆزلەردىن بىرەرىنى ئېيتقان بولسام، سىلەر ماڭا: «سەن بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانغۇ!» دەپ ئېتىراز قىلساڭلار ئورۇنلۇق بولاتتى، لېكىن مەن سىلەرگە ئۇلاردىن ھېچبىرىنى دېمىدىم. شۇنى بىلىڭلاركى: مەن سىلەر كۆزگە ئىلمىغان ئادەملەر ھەققىدە، ئۇلار پېقىر بولغانلىقى ئۈچۈن: «ئاللاھ ئۇلارغا ھېچبىر ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ» دېمەيمەن، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى نىيەت ۋە سىرلىرىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ناۋادا مەن ئۇ مۇئمىنلار ھەققىدە: ئۇنداق دېسەم، چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. قَالُوا يَا نُوحُ قَدْ جَادَلْتَنَا فَأَكْثَرْتَ جِدَالَنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    ئۇلار(يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى نۇھ ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئى نۇھ! بىز بىلەن ھەقىقەتەن مۇنازىرىلەشتىڭ! مۇنازىرىمىزنى بەك ئۇزارتىۋەتتىڭ. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن كېلەچەكتە بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىر بېشىمىزغا كەلتۈرگىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ بىلەن قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىش داۋاملىشىدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىدىكى نەسىھەتىنى ئاڭلىغان كاتتىباش كافىرلار نۇھ ئەلەيھىسسالامغا، «ئى نۇھ! بىزنىڭ ساڭا ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن بىز بىلەن ھەقىقەتەن دەتالاش قىلىشتىڭ ۋە بۇ ئىشنى بەك ئۇزارتىۋەتتىڭ! ئەگەر سەن بىزگە ئېيتىپ كەلگەن ‹ماڭا ئەگەشمىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىدۇ› دېگەن سۆزۈڭدە راستچىل بولساڭ، قېنى ئۇ ئازابنى بىزگە كەلتۈرۈپ باققىن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (11-سۈرە ھۇد، 33-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە نوھ
    قَالَ إِنَّمَا يَأْتِيكُمْ بِهِ اللَّهُ إِنْ شَاءَ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
    نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى ئەگەر خالىسا ئاللاھ لا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى بېشىڭلارغا ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (33-34) نۇھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئۇ ئازابنى كەلتۈرۈش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. ئاللاھ ئۇنى سىلەر تەلەپ قىلغاندا ئەمەس، ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزى خالىغان چاغدا كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. شۇنى بىلىڭلاركى: مەن سىلەرگە كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ دىلىڭلاردىكى نىيەت ۋە سىرلىرىڭلارنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن سىلەرنى ئازدۇرۇۋېتىشكە لايىق كۆرۈپ ئازدۇرۇۋەتمەكچى بولسا، مېنىڭ نەسىھەتىمنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇ، قىيامەت كۈنى سىلەرنى ھۇزۇرىغا يىغىپ ھېساب ئالىدۇ ۋە ھېساب نەتىجىسىدە لايىق بولغان يېرىڭلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (11-سۈرە ھۇد، 34-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم نوھ
    وَلَا يَنْفَعُكُمْ نُصْحِي إِنْ أَرَدْتُ أَنْ أَنْصَحَ لَكُمْ إِنْ كَانَ اللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يُغْوِيَكُمْ ۚ هُوَ رَبُّكُمْ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھتىمنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولسا، مېنىڭ نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرىلىسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

  35. (11-سۈرە ھۇد، 35-ئايەت) يالغانچىلىق
    أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ إِنِ افْتَرَيْتُهُ فَعَلَيَّ إِجْرَامِي وَأَنَا بَرِيءٌ مِمَّا تُجْرِمُونَ
    ياكى ئۇلار (يەنى قۇرەيشنىڭ كاپىرلىرى) قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ «ئەگەر ئۇنى مەن ئويدۇرۇپ چىققان بولسام، ئۆز گۇناھىمغا ئۆزۈم مەسئۇل، مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلار «قۇرئاننى ئۇ ئۆزى توقۇپ چىقتى» دېيىشەمدۇ؟ «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇپ چىققان بولسام، ئۇ گۇناھىمغا ئۆزۈم مەسئۇل، مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن ئادا ـ جۇدا مەن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەكسىچە ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇرۇپ چىقتى» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۇنى مەن ئۆزۈم ئويدۇرغان بولسام، ئۆز گۇناھىم ئۆزۈمگە. مەن سىلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھلاردىن ئادا - جۇدامەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇلغان قىستۇرما سۆز بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ سۆزدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، «مۇھەممەد يەتكۈزۈۋاتقان سۆزنى ئۆزى ئويدۇردى» دېگەن مۇشرىكلارغا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار: «قۇرئاننى، جۈملىدىن نۇھنىڭ قىسسەسىنى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىقتى» دەۋاتامدۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۇنى سىلەر دېگەندەك مەن توقۇپ چىققان بولسام گۇناھىم ئۆزۈمگە، جازاسىنى ئۆزۈم چېكىمەن. ناۋادا مەن راست ئېيتقان بولسام، ئۇ تەقدىردە سىلەر گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، جازايىڭلارنى ئۆزۈڭلار چېكىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (11-سۈرە ھۇد، 36-ئايەت) كاپىرلىق نوھ
    وَأُوحِيَ إِلَىٰ نُوحٍ أَنَّهُ لَنْ يُؤْمِنَ مِنْ قَوْمِكَ إِلَّا مَنْ قَدْ آمَنَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
    نۇھقا (مۇنداق) ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قايغۇرمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھقا ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمنىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئىېيتقۇچىلار ھەرگىز بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇ ھالدا ئۇ كافىرلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    (36-37) نۇھ قەۋمىنىڭ ئىچىدە 950 يىل بويىچە ھەر پۇرسەتتە ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا دەۋەت پائالىيىتى يۈرۈتتى. قەۋمى قاتتىق قارشى چىققان، ھەتتا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى چاپلىدى، ئۇنى ئازغۇن، ئەقلىنى يوقاتقان ئادەم دەپ ئەيىبلىدى ۋە چالما - كېسەك قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىپ دەۋەتتىن چەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن نۇھ قەۋمىگە بالا تىلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن قەۋمىدىن ھېچكىمنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالغا قايغۇرماسلىقىنى ۋە دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۇنى ئۆز ھىمايىسى ۋە ۋەھىيسى بىلەن كېمە ياساشقا بۇيرۇدى، زالىملار ئۈچۈن مۆھلەت تەلەپ قىلماسلىقىنى ئېيتتى، ئۇلارنىڭ سۇغا غەرق قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. (11-سۈرە ھۇد، 37-ئايەت) نوھ
    وَاصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ
    بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن ، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ كۆز ئوڭىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنىدۇ»[ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن. ئۇ زالىملار توغرۇلۇق ماڭا ئېغىز ئاچمىغىن. چۈنكى ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

  38. (11-سۈرە ھۇد، 38-ئايەت) دىننى مەسخىرە قىلىش نوھ
    وَيَصْنَعُ الْفُلْكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيْهِ مَلَأٌ مِنْ قَوْمِهِ سَخِرُوا مِنْهُ ۚ قَالَ إِنْ تَسْخَرُوا مِنَّا فَإِنَّا نَسْخَرُ مِنْكُمْ كَمَا تَسْخَرُونَ
    نۇھ كېمە ياساۋاتاتتى، قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ھەر قېتىم ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. نۇھ ئېيتتى: « سىلەر (بۈگۈن) بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار (كېلەچەكتە سىلەر غەرق قىلىنغاندا)، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ كېمىنى ياساۋاتاتتى، قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى، نۇھ ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ كېمىنى ياساشقا باشلىدى. قەۋمىنىڭ كاتتىۋاشلىرى قاچانىكى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئەگەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، بىزمۇ سىلەرنى كېلەچەكتە، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك مەسخىرە قىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    (38-39) نۇھ بىزدىن كېمە ياساش بۇيرۇقىنى ئالغاندىن كېيىن كېمىنى ياساشقا كىرىشتى. نۇھ كېمىنى ياساۋاتقان ئەسنادا قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى قاچان ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنىڭ كېمە ياساۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى ۋە ئۇ ۋەدە قىلغان بالانىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەيتتى. نۇھ ئۇلارغا مۇنداق رەددىيە بېرەتتى: «سىلەر بۈگۈن كېمە ياساۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، ئەتە ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئاشقاندا بىز سىلەرنىڭ غەرق بولۇۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرۈپ، سىلەرنى مەسخىرە قىلىمىز. سىلەر، رەسۋا قىلغۇچى ئازاب كېلىدىغان ۋە مۇقىم ئازاپ چۈشىدىغان كىشىنى يېقىندا بىلىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (11-سۈرە ھۇد، 39-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب نوھ
    فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُقِيمٌ
    خار قىلغۇچى ئازاب (يەنى توپان بالاسى بىلەن غەرق بولۇش) نىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازاب(يەنى جەھەننەم ئازابى) نىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى كېلەچەكتە بىلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    خار قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى پات-يېقىندا بىلىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېقىندا رەسۋا قىلغۇچى ئازاب كېلىدىغان ۋە مۇقىم ئازاب چۈشىدىغان كىشىنى بىلىسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

  40. (11-سۈرە ھۇد، 40-ئايەت) ئىمان نوھ
    حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ قُلْنَا احْمِلْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ وَمَنْ آمَنَ ۚ وَمَا آمَنَ مَعَهُ إِلَّا قَلِيلٌ
    (توپان بالاسى توغرىسىدىكى) بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن (ئەركەك، چىشى بولۇپ) بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن، — مۇھەممەد سالىھ

    -توپان بالاسى توغرىسىدىكى- بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن -ئەركەك چىشى بولۇپ- بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ھالاك بولۇشى ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا ـ ۋە ئىمان ئېيتقانلار بىلەن كېمىگە چىققىن» دېدۇق، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنا كىشىلەر ئىمان ئېيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخىرى ئەمرىمىز كەلگەن ۋە تونۇر قاينىغان[3] چاغدا نۇھقا: «ھەر تۈرلۈك ھايۋاندىن ئەركەك -چىشى بولۇپ بىر جۈپنى يەنى ئىككىنى، ئائىلەڭنى - ئۇلارنىڭ ئىچىدىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇستەسنا - ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى كېمىگە ئېلىپ چىققىن!» دېدۇق. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنە كىشىلەر ئىمان ئېيتقان ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ كېمىنى پۈتتۈرگەن، بىزنىڭ ئۇ قەۋمنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىشىمىزنىڭ ۋاقتى كەلگەن ۋە سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى، بىز نۇھقا: «كېمىگە ھەر تۈرلۈك ھايۋاندىن بىر ئەركەك ۋە بىر چىشى بولۇپ بىر جۈپ ئالغىن، ئائىلەڭدىن بىز ھالاك قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان كىشىدىن باشقىلارنى ئالغىن، مۇئمىنلارنىمۇ ئالغىن» دېدۇق. مۇئمىنلارنىڭ سانى ئاز ئىدى. ئاللاھ تائالا 40 - ئايەتتە نۇھ ئەلەيھىسسالامنى بىرەر جۈپتىن ھايۋاننى، ئائىلىسىنى ۋە مۇئمىنلارنى ئېلىپ كېمىگە چىقىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 41 ~ 44 - ئايەتلەردە بولسا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، ھەمراھلىرىنى كېمىگە چىقىشقا بۇيرۇغانلىقى، ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ چىقمىغانلىقى ۋە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئوغلى بىلەن قىلىشقان ئاخىرقى سۆزلىرى، بالا (توپان بالاسى)نىڭ ئاخىرلىشىپ كېمىنىڭ توختىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (11-سۈرە ھۇد، 41-ئايەت) نوھ
    وَقَالَ ارْكَبُوا فِيهَا بِسْمِ اللَّهِ مَجْرَاهَا وَمُرْسَاهَا ۚ إِنَّ رَبِّي لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
    نۇھ (ئىمان ئېيتقان تەۋەلىرىگە) ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مۇئمىنلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ: «كېمىگە چىقىڭلار! كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ ئاللاھتىن كېمىگە چىقىش بۇيرۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ھەمراھلىرىغا، «كېمىگە: ‹بۇنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى (قۇدرىتى ۋە بويسۇندۇرۇشى) بىلەن بولىدۇ› دەپ چىقىڭلار، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» دېدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، ھەمراھلىرىنى كېمىگە «بىسمىللاھ...» دەپ چىقىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەتتە ئۆزىنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كېمىگە چىقىپ ئورۇنلىشىپ بولغاندا، «بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېيىشكە ۋە ئۆزلىرىنى بەرىكەتلىك جايغا چۈشۈرۈشىنى تىلەشكە بۇيرۇيدۇ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بولسا كېمىگە ۋە باشقا ئۇلاغقا (قاتناش ۋاسىتىلىرىگە) مىنىپ بولغان كىشىلەرنى، «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھ پاكتۇر، ئاللاھ بويسۇندۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، بىزنىڭ بۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيتتى. بىز ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغان كىشىلەرمىز» دېگەن مەنىدىكى زىكىر - تەسبىھنى ئېيتىشنى ئۆگىتىدۇ. دېمەككى، ھەرقانداق قاتناش ۋاسىتىسىگە چىققان كىشى بۇ تەرتىب بويىچە زىكىر، تەسبىھ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق ھەمدۇسانا ۋە دۇئا - تىلەكلەردە بولۇشى ياخشى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. (11-سۈرە ھۇد، 42-ئايەت) نوھ
    وَهِيَ تَجْرِي بِهِمْ فِي مَوْجٍ كَالْجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ابْنَهُ وَكَانَ فِي مَعْزِلٍ يَا بُنَيَّ ارْكَبْ مَعَنَا وَلَا تَكُنْ مَعَ الْكَافِرِينَ
    كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغلاردەك دولقۇن ئىچىدە ئۈزەتتى. نۇھ بىر چەتتە تۇرغان ئوغلىغا «ئى ئوغۇلچىقىم! بىز بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىققىن، كافىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن!» دەپ توۋلىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ ئائىلىسىنى، مۇئمىنلارنى ۋە بىر جۈپتىن ھايۋانلارنى ئېلىپ كېمىگە چىقىپ ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، كېمىنى تاغلاردەك دولقۇن قورشىۋالغان ۋە كېمە ئۇ دولقۇننىڭ ئىچىدە داۋالغۇپ ئۈزگىلى باشلىغاندا نۇھ (كافىر) ئوغلىنى ياد ئەتتى. ئوغلى ئۇ ئەسنادا كېمىگە چىقماستىن سۇ بىلەن ئايرىلىپ تۇرغان بىر چەتتە ئىدى. نۇھ ئۇ ئوغلىغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! كېمىگە چىققىن، بىز بىلەن بىللە بولغىن، كافىرلارنىڭ قاتارىدا قالمىغىن!» دەپ نىدا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. قَالَ سَآوِي إِلَىٰ جَبَلٍ يَعْصِمُنِي مِنَ الْمَاءِ ۚ قَالَ لَا عَاصِمَ الْيَوْمَ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ إِلَّا مَنْ رَحِمَ ۚ وَحَالَ بَيْنَهُمَا الْمَوْجُ فَكَانَ مِنَ الْمُغْرَقِينَ
    ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ: «مېنى سۇدىن ساقلايدىغان بىر تاغقا چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ساقلايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. پەقەت ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشىلەرلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا دولقۇن كىردى - دە، ئۇ غەرق قىلىنغۇچىلاردىن بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھنىڭ بۇ نىداسىغا ئوغلى: «مېنى غەرق بولۇشتىن ساقلايدىغان بىرەر تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. نۇھ: «بۇگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ھېچ نەرسە ساقلىيالمايدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن (كېمىگە چىققان)لارلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېدى. ئۇ ئەسنادا دولقۇنلار يۈكسەلدى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى توستى - دە، ئوغلى نۇھنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى، نەتىجىدە نۇھنىڭ ئۇ ئوغلى غەرق قىلىنغانلاردىن بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. (11-سۈرە ھۇد، 44-ئايەت) نوھ
    وَقِيلَ يَا أَرْضُ ابْلَعِي مَاءَكِ وَيَا سَمَاءُ أَقْلِعِي وَغِيضَ الْمَاءُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ وَاسْتَوَتْ عَلَى الْجُودِيِّ ۖ وَقِيلَ بُعْدًا لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    «ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت، تارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    «ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت تارقىغىن» دېيىلدى، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئى زېمىن! سۈيىڭنى يۇتقىن، ئى ئاسمان! سۈيىڭنى تۇتقىن» دېيىلدى. سۇ سىڭدۈرۈلدى. ئىش تاماملاندى. كېمە جۇدىي تېغىغا ئولتۇردى. بۇ ئەسنادا «يوقالسۇن زالىملار گۇرۇھى!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنكارچىلار غەرق قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھ ئاسمانغا ۋە زېمىنغا سۇلىرىنى توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى، چۈنكى بۇ بالا ئاللاھنىڭ ئاسماننىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ شىددەتلىك سۇ قويۇپ بېرىشى ۋە زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىشى بىلەن باشلانغان، شۇنداقلا سۇلارنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى ۋە زېمىندىن ئېتىلىپ چىقىشى داۋاملاشماقتا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلار سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەمەلگە ئاشتى، كېمە «جۇدىي» دەپ ئاتىلىدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە توختىدى ۋە «يوقالسۇن زالىملار» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئاللاھ تائالا 44 - ئايەتتە توپان بالاسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئىنكارچىلارنىڭ ھالاك بولغانلىقىنى ۋە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ «جۇدىي» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 45 ~ 47 - ئايەتلەردە بولسا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، كېمىگە چىقمىغان ئوغلى توغرۇلۇق ئۆزىگە (ئاللاھقا) دۇئا قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىنى ۋە نەسىھەتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. (11-سۈرە ھۇد، 45-ئايەت) نوھ
    وَنَادَىٰ نُوحٌ رَبَّهُ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ابْنِي مِنْ أَهْلِي وَإِنَّ وَعْدَكَ الْحَقُّ وَأَنْتَ أَحْكَمُ الْحَاكِمِينَ
    نۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ رەببىغا دۇئا قىلىپ: «رەببىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ رەببىگە نىدا قىلىپ: «رەببىم! شۈبھىسىزكى، غەرق قىلىنغان ئوغلۇممۇ ئائىلەمدىن ئىدى، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلىسەن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ بىر ئوغلىنىڭ كېمىگە چىققىلى ئۇنىمىغانلىقىنى كۆرۈپ رەببىگە مۇنداق دەپ نىدا قىلدى: «رەببىم! ئۇ ئوغلۇممۇ مېنىڭ ئائىلەمدىن ئىدى، كېمىگە چىققىلى ئۇنىمىدى، ئەمدى ئۇ ھالاك بولۇپ كەتكۈچىلەردىن بولىدىغان بولدى، سەن ئائىلەمنى قۇتقۇزۇشنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ، سېنىڭ ۋەدەڭدە ئەسلا خىلاپلىق بولمايدۇ، سەن ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلىسەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. (11-سۈرە ھۇد، 46-ئايەت) تەقۋادارلىق نوھ
    قَالَ يَا نُوحُ إِنَّهُ لَيْسَ مِنْ أَهْلِكَ ۖ إِنَّهُ عَمَلٌ غَيْرُ صَالِحٍ ۖ فَلَا تَسْأَلْنِ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ ۖ إِنِّي أَعِظُكَ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ(مەن نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، شۇڭا سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «ئى نۇھ‍‍‍! ئۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ ياخشى بولمىغان ئەمەلدۇر. سەن بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن. مەندىن ساڭا نەسىھەت: جاھىللاردىن بولمىغىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! سېنىڭ ئۇ ئوغلۇڭ مەن قۇتقۇزۇشنى ۋەدە قىلغان ئائىلەڭدىن ئەمەس. بۇ تىلىكىڭ مۇۋاپىق بولمىغان ئىشتۇر، چۈنكى مەن ساڭا ئۇنىڭ غەرق قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم. شۇڭلاشقا سەن ئۆزۈڭ بىلمىگەن نەرسە توغرۇلۇق ماڭا ئىلتىجا قىلمىغىن. ساڭا نەسىھەت قىلىمەنكى: نادانلاردىن بولمىغىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. قَالَ رَبِّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ أَنْ أَسْأَلَكَ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ ۖ وَإِلَّا تَغْفِرْ لِي وَتَرْحَمْنِي أَكُنْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سىغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «رەببىم!مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ: «رەببىم! مەن بىلمىگەن نەرسەمنى سەندىن سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن. ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە ماڭا مەرھەمەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ئۆزۈم بىلمىگەن نەرسە توغرۇلۇق سەندىن تىلەك تىلەشتىن ساڭا سېغىنىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق تىلەكتە بولمايمەن. رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەرھەمەت قىلغىن. ئەگەر سەن ماڭا مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلمىساڭ، مەن چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمەن». ئاللاھ تائالا 45 ~ 47 - ئايەتلەردە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نالايىق بىر تەلەپتە بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇشتىن كىيىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، خاتالىقىنى تونۇپ مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 48 - ئايەتتە بولسا، ئۆزىنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر تىلىكىنى ئىجابەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. قِيلَ يَا نُوحُ اهْبِطْ بِسَلَامٍ مِنَّا وَبَرَكَاتٍ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ أُمَمٍ مِمَّنْ مَعَكَ ۚ وَأُمَمٌ سَنُمَتِّعُهُمْ ثُمَّ يَمَسُّهُمْ مِنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئېيتىلدى (يەنى ئاللاھ ئېيتتى): «ئى نۇھ! ساڭا، سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (ھاياتىي دۇنيادىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    دېيىلدىكى: «ئى نۇھ !ساڭا ۋە سەن بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن كېمىدىن چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى -ھاياتىي دۇنيادىن- بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئى نۇھ! كېمىدىن چۈشكىن. بىزدىن ساڭا ۋە سەن بىلەن بىللە بولغان ئۇممەتلەرگە سالام ۋە بەرىكەتلەر بولسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئۇممەتلەر كېلىدۇكى، بىز ئۇلارنى ئاۋۋال باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىمىز» دېيىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    كېمە «جۇدىي تېغى»نىڭ ئۈستىدە توختىغاندىن كېيىن تەرىپىمىزدىن نۇھقا مۇنداق دېيىلدى: «ئى نۇھ! تەرىپىمىزدىن بېرىلگەن ئامان - ئېسەنلىك، ھەمدە ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئۇممەتلەرگە نازىل قىلىنغان بەرىكەتلەر بىلەن چۈشكىن. بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئۇممەتلەر مەيدانغا كېلىدۇكى، ئۇلار دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە بېرىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ». ئاللاھ تائالا 25 ~ 48 - ئايەتلەردە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغاندىن كېيىن 49 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (11-سۈرە ھۇد، 49-ئايەت) سەۋر نوھ
    تِلْكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهَا إِلَيْكَ ۖ مَا كُنْتَ تَعْلَمُهَا أَنْتَ وَلَا قَوْمُكَ مِنْ قَبْلِ هَٰذَا ۖ فَاصْبِرْ ۖ إِنَّ الْعَاقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ (قىسسە) غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئەنە شۇ -قىسسە-، غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى بىز ۋەھيى قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. بۇلارنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇلارنى سەنمۇ بىلمەيتتىڭ، قەۋمىڭمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە (نۇھنىڭ قىسسەسى) غەيب خەۋەرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بىز ۋەھىي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ قىسسەنى سەنمۇ بىلمەيتتىڭ، قەۋمىڭمۇ بىلمەيتتى. دېمەككى، سەن بىزنىڭ ئەلچىمىزسەن، سېنى ئىنكار قىلغانلار يالغانچى. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ناشايان سۆزلىرىگە ۋە ھاقارەتلىرىگە سەۋر قىلىپ، دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. بىلگىنكى: نۇھ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشكەندەك، سەنمۇ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىسەن. ئاللاھ تائالا 25 ~ 49 - ئايەتلەردە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. 50 ~ 60 - ئايەتلەردە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا مُفْتَرُونَ
    ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر(ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن) پەقەت (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر پەقەت يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. سىلەر بوھتانچى كىشىلەرسىلەر[4].‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۆز ۋاقتىدا ئاد قەۋمىگە ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى (مىللەتدىشى) ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ھۇد قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق بولىدىغان ھېچقانداق ئىلاھ يوق. سىلەر ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئاللاھقا بوھتان چاپلاۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (11-سۈرە ھۇد، 51-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات
    يَا قَوْمِ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى الَّذِي فَطَرَنِي ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    «ئى قەۋمىم! مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    «ئى قەۋمىم!مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ بېرىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلغانلىقىم، تەبلىغ قىلغانلىقىم ۋە سىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى مېنى ياراتقان ئاللاھ بېرىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ مېنىڭ سىلەرگە نەسىھەت قىلىشىمدا سەمىمىي ئىكەنلىكىمنى چۈشەنسەڭلار، شۇنداقلا ھەقنى قوبۇل قىلساڭلار بولمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. وَيَا قَوْمِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَىٰ قُوَّتِكُمْ وَلَا تَتَوَلَّوْا مُجْرِمِينَ
    «ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    «ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا - مېنىڭ دەۋىتىمدىن- يۈز ئۆرۈمەڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلاركى، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرسۇن ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىڭلارنى زىيادە قىلسۇن. گۇناھكارلار بولغان ھالدا يۈز ئۆرۈمەڭلار».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى قەۋمىم! يامانلىقلىرىڭلاردىن يېنىپ رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۇنىڭغا يۆنىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەببىڭلار سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بېرىدۇ ۋە قۇۋۋىتىڭلارغا قۇۋۋەت قېتىپ سىلەرنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. گۇناھ قىلىشتا ئەزۋەيلەپ ھەقتىن يۈز ئۆرۈمەڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. قَالُوا يَا هُودُ مَا جِئْتَنَا بِبَيِّنَةٍ وَمَا نَحْنُ بِتَارِكِي آلِهَتِنَا عَنْ قَوْلِكَ وَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە (ئۆزۈڭنىڭ راستلىقىڭنى كۆرسىتىدىغان) ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن بىز ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز ۋە سېنىڭ(پەيغەمبەرلىكىڭگە) ئىشەنمەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن بىز ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز ۋە ساڭا ئىشەنمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ. بىز سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتىدىغان كىشىلەر ئەمەس، ساڭا ئىشىنىدىغان كىشىلەرمۇ ئەمەس.‏ — ئەنەس ئالىم

    ھۇدنىڭ بۇ نەسىھەتىگە قەۋمى مۇنداق دەپ قارشىلىق بىلدۈردى: «ئى ھۇد! ئېيتقانلىرىڭنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، بىز سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتىدىغان كىشىلەر ئەمەس، بىز ساڭا ئىشىنىدىغان كىشىلەرمۇ ئەمەس». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. (11-سۈرە ھۇد، 54-ئايەت) شېرىك
    إِنْ نَقُولُ إِلَّا اعْتَرَاكَ بَعْضُ آلِهَتِنَا بِسُوءٍ ۗ قَالَ إِنِّي أُشْهِدُ اللَّهَ وَاشْهَدُوا أَنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ
    بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى ، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    «بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز». ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ نى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن نەرساڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساڭا پەقەت: ‹سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ› دەيمىز». ھۇد ئېيتتى: «مەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن. سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن چوقۇم ئادا - جۇدامەن. ‏ — ئەنەس ئالىم

    (54-55) ھۇدنىڭ قەۋمى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئى ھۇد! بىز ساڭا پەقەت: ‹سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ئۇرۇپتۇ› دەيمىز» دېدى. قەۋمىنىڭ بۇ قارشىلىقىنى ئاڭلىغان ھۇد ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىمانىي مەيدانىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە جەڭ ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى، ‹مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلاردىن، يەنى سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرىڭلاردىن بىزارمەن. مەن سىلەردىنمۇ، سىلەرنىڭ مېنى ئۇرغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئىلاھلىرىڭلاردىنمۇ قورقمايمەن. قېنى، ئىلاھلىرىڭلار بىلەن بىرلىشىپ ھەممىڭلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار ۋە ماڭا ھېچ مۆھلەت بەرمەڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (11-سۈرە ھۇد، 55-ئايەت) شېرىك
    مِنْ دُونِهِ ۖ فَكِيدُونِي جَمِيعًا ثُمَّ لَا تُنْظِرُونِ
    بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى ، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    پۈتمىسەڭلار، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنى مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىدىن ئادا - جۇدامەن. قېنى ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ئاندىن ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

  56. إِنِّي تَوَكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ رَبِّي وَرَبِّكُمْ ۚ مَا مِنْ دَابَّةٍ إِلَّا هُوَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهَا ۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، مەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ رەببىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم. ئاللاھ كوكۇلىسىدىن تۇتمىغان ھېچبىر جانلىق يوق[5]. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم توغرا يولدىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەن مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا تاياندىم، ئۇ ھەر نەرسىگە، جۈملىدىن مېنى سىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىڭلاردىن ساقلاشقا قادىردۇر، ئۇ پۈتكۈل جانلىقلارنى باشقۇرىدۇ، ئۇ ئىشلىرىنى توغرىلىق ۋە ئادالەت بىلەن يۈرۈتىدۇ، ئۇ ياخشىلارغا ياردەم يامانلارغا جازا بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (11-سۈرە ھۇد، 57-ئايەت) ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر
    فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ مَا أُرْسِلْتُ بِهِ إِلَيْكُمْ ۚ وَيَسْتَخْلِفُ رَبِّي قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّونَهُ شَيْئًا ۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ حَفِيظٌ
    ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار(يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، -بىلىڭلاركى-، مەن سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم -پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر-، رەببىم ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، رەببىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن ئەلچىلىكنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. رەببىم سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، رەببىم ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلمىساڭلار، ماڭا ئەمەس ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈسىلەر، چۈنكى مەن سىلەرگە مېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم. ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋم كەلتۈرىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنى سىلەرنىڭ يۇرت - ماكان ۋە مال - مۈلۈكلىرىڭلارغا ئىگە قىلىدۇ. سىلەر ھەقتىن يۈز ئۆرۈش بىلەن ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنى جازالاشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ». ئاللاھ تائالا 58 ~ 60 - ئايەتلەردە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. (11-سۈرە ھۇد، 58-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى
    وَلَمَّا جَاءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا هُودًا وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَنَجَّيْنَاهُمْ مِنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
    بىزنىڭ (ئازابلاش) بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت بىلەن قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى دەھشەتلىك ئازابتىن قۇتقۇزدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىزنىڭ ئاد قەۋمىنى ھالاك قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە مۇئمىنلارنى ئۆز ئىلتىپاتىمىز بىلەن قۇتقۇزۇپ، قوپال ئازابتىن ساقلىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. وَتِلْكَ عَادٌ ۖ جَحَدُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ وَعَصَوْا رُسُلَهُ وَاتَّبَعُوا أَمْرَ كُلِّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
    ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جېدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇ ئاد قەۋمى رەببىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىزنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ئاد قەۋمى. ئۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ھەر تەرسا مۇستەبىتنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، ئەلچىلىرىمىزگە ئاسىيلىق قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەرسا، مۇستەبىت كاتتىباشلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان ئاد قەۋمى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. وَأُتْبِعُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا لَعْنَةً وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا إِنَّ عَادًا كَفَرُوا رَبَّهُمْ ۗ أَلَا بُعْدًا لِعَادٍ قَوْمِ هُودٍ
    ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن رەببىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى. ئۇلارغا ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم لەنەت قىلىندۇ. بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى رەببىگە كافىر بولدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يوقالسۇن ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا قىيامەتكە قەدەر لەنەت ئوقۇلىدۇ، ئاخىرتتىمۇ لەنەت ئوقۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرى مۇنۇ مەنىلەرنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ: دىققەت! ئاد قەۋمى ئۆزلىرىنىڭ رەببىگە كۇفرىلىق قىلىپ لەنەتكە ۋە ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولدى. دىققەت! ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى!. ئاللاھ تائالا 50 ~ 60 - ئايەتلەردە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. 61 ~ 68 - ئايەتلەردە بولسا سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ هُوَ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَاسْتَعْمَرَكُمْ فِيهَا فَاسْتَغْفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٌ مُجِيبٌ
    سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى -پەيغەمبەر قىلىپ- ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد - بەرھەق- يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن - يەنى تۇپراقتىن- ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، رەببىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، ئۇ -دۇئانى- ئىجابەت قىلغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى ۋە سىلەردىن ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، رەببىم يېقىندۇر، ئىجابەت قىلغۇچىدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۆز ۋاقتىدا سەمۇد قەۋمىگە ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى (مىللەتدىشى) سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. سالىھ قەۋمىگە مۇنداق دەپ نەسىھەت قىلدى: «ئى قەۋمىم! ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق بولىدىغان ھېچقانداق ئىلاھىڭلار يوق. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ئاپىرىدە قىلدى ۋە سىلەردىن زېمىننى ئاۋات قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلدى. شۇڭلاشقا گۇناھ قىلىشنى تەرك ئېتىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۇنىڭغا يۆنىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم ئىخلاسمەن بەندىسىگە يېقىندۇر، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا يېقىنلىقى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى ئومۇمىي يېقىنلىق بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ھەر ئىنسانغا ئۆز قۇدرىتى ۋە ئىلمى بىلەن يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى خۇسۇسىي يېقىنلىق بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىگە رەھمىتى ۋە ئىلتىپاتى بىلەن يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. قَالُوا يَا صَالِحُ قَدْ كُنْتَ فِينَا مَرْجُوًّا قَبْلَ هَٰذَا ۖ أَتَنْهَانَا أَنْ نَعْبُدَ مَا يَعْبُدُ آبَاؤُنَا وَإِنَّنَا لَفِي شَكٍّ مِمَّا تَدْعُونَا إِلَيْهِ مُرِيبٍ
    ئۇلار: «ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد قىلىنغان كىشى ئىدىڭ (يەنى بۇ سۆزنى ئېيتىشىڭدىن بۇرۇن ئارىمىزدا چوڭ ئادەم بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق)، بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇمسەن؟ شەك شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن بىز سەن دەۋەت قىلغان ئىشقا زور گۇماندىمىز» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد قىلىنغان كىشى ئىدىڭ، بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇمسەن؟ شەك شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن بىز سەن دەۋەت قىلغان ئىشقا زور گۇماندىمىز» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئى سالىھ! سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئارىمىزدا ئۈمىد باغلانغان كىشى ئىدىڭ. ئەمدىلىكتە سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشتىن توسامسەن؟ بىز، سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىدىن قاتتىق شۈبھە قىلىۋاتىمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    سالىھنىڭ بۇ نەسىھىتىگە قارشى قەۋمى مۇنداق دېدى: «ئى سالىھ! سەن بىزگە بۇ سۆزنى ئېيتىشتىن ئىلگىرى ئىچىمىزدە قەدىرلىك كىشى ئىدىڭ، بىز سېنىڭ پەزىلەت، ئىلىم ۋە پىكىرلىرىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىشلىرىمىزدا سەندىن مەسلىھەت سورايتتۇق، سېنىڭ يول كۆرسىتىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق. سەن ئەمدى بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىن توسامسەن؟ بىز سەن دەۋەت قىلغان تەۋھىدتىن قاتتىق شۈبھە قىلىۋاتىمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. (11-سۈرە ھۇد، 63-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى
    قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَآتَانِي مِنْهُ رَحْمَةً فَمَنْ يَنْصُرُنِي مِنَ اللَّهِ إِنْ عَصَيْتُهُ ۖ فَمَا تَزِيدُونَنِي غَيْرَ تَخْسِيرٍ
    سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتى (يەنى پەيغەمبەرلىك) گە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا قارشىلىق قىلسام، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (مېنى ئۆزۈڭلارغا ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىش بىلەن) ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم!ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن رەببىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولسام، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا قارشىلىق قىلسام، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ماڭا پەقەت زىياندىن باشقىسىنى زىيادە قىلالمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سالىھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن رەھمەت ئاتا قىلغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام، ئۇنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ سىلەر ماڭا زىيىنىمنى ئارتتۇرۇشتىن باشقا ھېچ نەرسە قىلالمايسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! رەببىم ئاللاھ مېنى سىلەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇغان تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنى مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن تەبلىغنى تەرك ئېتىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسام، مېنى كىم ياردەم قىلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدۇ؟ مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان تەقدىردە، سىلەر ماڭا پايدا يەتكۈزەلمەسلىك بىلەنلا قالماستىن، بەلكىدە زىيىنىمنى تېخمۇ ئارتتۇرۇۋېتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. (11-سۈرە ھۇد، 64-ئايەت) ئىلاھىي سىناق
    وَيَا قَوْمِ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ قَرِيبٌ
    ئى قەۋمىم! بۇ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگە سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارى ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى پات يېقىندا كېلىدىغان ئازاب ھالاك قىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! ئاللاھنىىڭ بۇ چىشى تۆگىسى سىلەر ئۈچۈن بىر مۆجىزىدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارى ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى پات كېلىدىغان ئازاب ھالاك قىلىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ چىشى تۆگىسى، سىلەر ئۈچۈن ئايەت. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىسۇن. ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئازابقا دۇچار بولىسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى قەۋمىم! ئەنە شۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتكەن چىشى تۆگىسى. ئۇ مېنىڭ دەۋەتىمنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىسۇن. ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق قىلماڭلار، ئەكسى تەقدىردە ئۇزۇنغا قالمايلا ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. (11-سۈرە ھۇد، 65-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    فَعَقَرُوهَا فَقَالَ تَمَتَّعُوا فِي دَارِكُمْ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ ۖ ذَٰلِكَ وَعْدٌ غَيْرُ مَكْذُوبٍ
    ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، سالىھ ئېيتتى: «ئۆيۈڭلاردا(ھاياتلىقتىن) ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، بۇ ۋەدە يالغان ئەمەس» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، سالىھ ئېيتتى: «ئۆيۈڭلاردا -ھاياتلىقتىن- ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار. بۇ ۋەدە يالغان ئەمەستۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بۇنىڭغا قارىماي ئۇ چىشى تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى. ئاندىن سالىھ ئۇلارغا: «يۇرتۇڭلاردا ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار[6]. بۇ يالغان چىقمايدىغان ۋەدىدۇر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    سالىھنىڭ بۇ نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر قەۋمى ئۇ مۆجىزە تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. سالىھ ئۇلارغا بۇ قېتىم مۇنداق دېدى: «يۇرتۇڭلاردا ئۈچ كۈن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر. بۇ، يالغان چىقمايدىغان ۋەدىدۇر». ئاللاھ تائالا 66 ~ 68 - ئايەتلەردە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. فَلَمَّا جَاءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا صَالِحًا وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَمِنْ خِزْيِ يَوْمِئِذٍ ۗ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ الْقَوِيُّ الْعَزِيزُ
    بىزنىڭ (ئازاب قىلىش) ئەمرىمىز كەلگەندە، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن شۇ كۈننىڭ شەرمەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزدۇق، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئەمرىمىز كەلگەندە، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى رەھمىتىمىز بىلەن شۇ كۈننىڭ شەرمەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزدۇق، رەببىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا، سالىھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت بىلەن ھالاك بولۇشتىن ۋە ئۇ كۈننىڭ رەسۋاچىلىقىدىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىزنىڭ سەمۇد قەۋمىنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، سالىھنى ۋە مۇئمىنلارنى ھالاك بولۇشتىن ۋە ئۇ كۈنى رەسۋا بولۇشتىن ئىلتىپاتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر. خاتىرجەم بولغىن، ئۇ سېنىمۇ قۇتقۇزىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. (11-سۈرە ھۇد، 67-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    وَأَخَذَ الَّذِينَ ظَلَمُوا الصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دِيَارِهِمْ جَاثِمِينَ
    زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    زالىملارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    زۇلۇم قىلغانلارنى بولسا، ئۇ دەھشەتلىك ئاۋاز باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان سەمۇد قەۋمىنى دەھشەتلىك ئاۋاز باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (11-سۈرە ھۇد، 68-ئايەت) ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۗ أَلَا إِنَّ ثَمُودَ كَفَرُوا رَبَّهُمْ ۗ أَلَا بُعْدًا لِثَمُودَ
    گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرى ئادەمزات تەرىپىدىن ئاۋات قىلىنمىغاندەك) بولۇپ قالدى، بىلىڭلاركى، سەمۇد پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى، سەمۇد ھالاك بولسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك بولۇپ قالدى، بىلىڭلاركى، سەمۇد رەببىنى ئىنكار قىلدى، سەمۇد ھالاك بولسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار گويا يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. بىلىڭلاركى، سەمۇد قەۋمى رەببىگە كافىر بولدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يوقالسۇن سەمۇد قەۋمى!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىش تۈگىدى، ئۇلار يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ھېچ ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرى مۇنۇ مەنىلەرنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ: دىققەت! سەمۇد قەۋمى رەببىگە كۇفرىلىق قىلدى ۋە بۇ سەۋەبتىن ھالاك قىلىندى. ئاللاھ تائالا 69 ~ 76 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەرىشتىلىرىنىڭ، ئۇنىڭ يېنىغا ئىسھاق دەپ بىر بالىسى ۋە يەقۇب دەپ بىر نەۋرىسى بولىدىغانلىقى خۇش خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ ئەسنادا بولۇپ - ئۆتكەن ئەھۋاللارنى بىلدۈرۈش بىلەن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىشقا باشلايدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. (11-سۈرە ھۇد، 69-ئايەت) ئىبراھىم
    وَلَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُشْرَىٰ قَالُوا سَلَامًا ۖ قَالَ سَلَامٌ ۖ فَمَا لَبِثَ أَنْ جَاءَ بِعِجْلٍ حَنِيذٍ
    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇلار: «ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز» دېدى. ئىبراھىم : «مەنمۇ سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن» دېدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي بىر موزاينى كاۋاپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇلار: «ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز» دېدى. ئىبراھىم : «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن» دېدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي بىر موزاينى كاۋاپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئەلچىلىرىمىز ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىپ: «سالام» دېگەن ئىدى، ئىبراھىم: «سالام بولسۇن!» دېدى، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي كاۋاپ قىلىنغان بىر موزاي ئېلىپ كەلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىبراھىمنىڭ يېنىغا بالىسى بولىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بېرىشى ئۈچۈن بىر قىسىم پەرىشتىلەرنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئەلچىلىرىمىز خۇش خەۋەرنى ئېلىپ ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا «سالام» دېدى، ئىبراھىم «سالام بولسۇن» دەپ ئۇلارنىڭ سالامىنى تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن ئىلىك ئالدى. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي سېمىز بىر موزاي كاۋىپى ئېلىپ كېلىپ مەزە سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، لېكىن ئۇلار مەزەگە باقمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. (11-سۈرە ھۇد، 70-ئايەت) ئىبراھىم
    فَلَمَّا رَأَىٰ أَيْدِيَهُمْ لَا تَصِلُ إِلَيْهِ نَكِرَهُمْ وَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً ۚ قَالُوا لَا تَخَفْ إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمِ لُوطٍ
    ئۇلارنىڭ (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ) ئۇنىڭغا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى خوش كۆرمىدى، ئۇلاردىن قورقۇنچ ھېس قىلدى، ئۇلار: «قورقمىغىن (بىز رەببىڭنىڭ پەرىشتىلىرى، تاماق يېمەيمىز)، بىز ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى خوش كۆرمىدى، ئۇلاردىن قورقۇنچ ھېس قىلدى، ئۇلار: «قورقمىغىن، بىز ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتىلدۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىم ئۇلارنىڭ كاۋاپقا قول ئۇزاتمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى يات كۆردى ۋە ئۇلاردىن قورقۇشقا باشلىدى. ئۇلار: «قورقمىغىن! بىز لۇتنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتىلدۇق» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىم بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ غەلىتىلىك ھېس قىلدى ۋە ئۇلاردىن خەۋپسىرىدى. ئۇلار بۇنى بايقاپ ئىبراھىمغا، «قورقمىغىن، بىز لۇتنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (11-سۈرە ھۇد، 71-ئايەت) ئىبراھىم
    وَامْرَأَتُهُ قَائِمَةٌ فَضَحِكَتْ فَبَشَّرْنَاهَا بِإِسْحَاقَ وَمِنْ وَرَاءِ إِسْحَاقَ يَعْقُوبَ
    ئۇنىڭ ئايالى (يەنى سارە) بىر تەرەپتە تۇرۇپ (لۇت قەۋمىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ) كۈلدى، بىز ئۇنىڭغا (يەنى سارەگە) ئىسھاق (ئاتلىق بالىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب (ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ ئايالى -سارا- بىر تەرەپتە تۇرۇپ كۈلدى، بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق -ئاتلىق بالىسى بولىدىغانلىقى- بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب -ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى- بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئەسنادا ئىبراھىمنىڭ ئايالى ئۆرە تۇراتتى، كۈلدى. بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئەسنادا ئىبراھىمنىڭ ئايالى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇدەك يېقىنلىقتا ئۆرە تۇراتتى، لۇتنىڭ نىجات تاپىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ بەتقىلىق قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىدىغانلىقىغا سۆيۈنۈپ كۈلدى. بىز ئۇ ئايالغا مەزكۇر ئەلچىلىرىمىز ئارقىلىق، ئىبراھىمدىن ئىسھاق دەپ بىر ئوغۇل بالا تۇغىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ بالىنىڭ چوڭىيىپ يەئقۇب دەپ بىر بالىسى بولىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بەردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. قَالَتْ يَا وَيْلَتَىٰ أَأَلِدُ وَأَنَا عَجُوزٌ وَهَٰذَا بَعْلِي شَيْخًا ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ عَجِيبٌ
    ئۇ (يەنى سارە): «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ: «ۋىيەي! مەن بىر موماي تۇرسام، ئېرىم بىر بوۋاي تۇرسا، تۇغامدىمەن؟ بۇ ھەقىقەتەن قىزىق ئىشقۇ!» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئايال: «ۋىيەي! تۇغامدىمەن؟ مەن بىر موماي، شۇ بوۋاي مېنىڭ ئېرىم تۇرسا. بۇ ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىشقۇ!» دېدى .‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىمنىڭ ئايالى پەرىشتىلەردىن بالىسى بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئەجەبلەندى ۋە: «ۋۇي، مەن تۇغامدىم! مەن بىر موماي، شۇ بوۋاي مېنىڭ ئېرىم تۇرسا؟ بۇ ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. قَالُوا أَتَعْجَبِينَ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ ۖ رَحْمَتُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ عَلَيْكُمْ أَهْلَ الْبَيْتِ ۚ إِنَّهُ حَمِيدٌ مَجِيدٌ
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن (يەنى قۇدرىتىدىن) ئەجەبلىنەمسەن؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا (يەنى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە) نازىل بولسۇن. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدھىيەەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا لايىقتۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەمسەن؟ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارغا بولسۇن. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلاشقا لايىقتۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ئەجەبلىنەمسەن؟ ئى بۇ ئۆينىڭ ئەھلى! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى سىلەرگە بولسۇن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەدھىيەگە لايىقتۇر، ئۇلۇغدۇر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى ئايال! ئىككىڭلار ياشانغان چېغىڭلاردا بالاڭلار بولۇشىدىن ئەجەبلىنىۋاتامسەن؟ بۇ، قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ئىرادىسى. ئى ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسى! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرىنىڭ سىلەرگە نازىل بولۇشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ سىلەرگە بۇ ياشتا بالا بېرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەدھىيەگە لايىقتۇر ۋە ئۇلۇغدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. (11-سۈرە ھۇد، 74-ئايەت) ئىبراھىم
    فَلَمَّا ذَهَبَ عَنْ إِبْرَاهِيمَ الرَّوْعُ وَجَاءَتْهُ الْبُشْرَىٰ يُجَادِلُنَا فِي قَوْمِ لُوطٍ
    ئىبراھىمدىن قورقۇنچ يوقالغان ھەمدە خۇشخەۋەر ئۇنىڭغا يەتكەن چاغدا، ئۇ بىز بىلەن لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشكە كىرىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىمدىن قورقۇنچ يوقالغان ھەمدە خۇش خەۋەر ئۇنىڭغا يەتكەن چاغدا، ئۇ بىز بىلەن لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشىگە كىرىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىم ئۆزىدىن قورقۇنچ كەتكەن ۋە ئۆزىگە ئۇ خۇش خەۋەر كەلگەن چاغدا لۇتنىڭ قەۋمى توغرىسىدا بىز بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى .‏ — ئەنەس ئالىم

    (74-75) ئىبراھىمنىڭ قورقۇنچىسى يوقالغان ۋە بالىسى بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئىدى، رەھىمدىللىكى تۇتۇپ ئەلچىلىرىمىز بىلەن لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىشى توغرىسىدا تارتىشىشقا باشلىدى، چۈنكى ئىبراھىم ھەقىقەتەن ئېغىر - بېسىق، باغرى يۇمشاق ۋە بىزگە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن بىرى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. (11-سۈرە ھۇد، 75-ئايەت) ئىبراھىم
    إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَحَلِيمٌ أَوَّاهٌ مُنِيبٌ
    ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭلى - كۆكسى كەڭ، كۆپ ئاھ چەككۈچى(يەنى دىلى يۇمشاق)، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆڭلى كۆكسى كەڭ، كۆپ ئاھ چەككۈچى -دىلى يۇمشاق ۋە ھەممە ئىشتا- ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلغۇچى زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئىبراھىم ھەقىقەتەن ئېغىر - بېسىق، باغرى يۇمشاق ۋە ئۆزىنى ئاللاھقا ئاتىغان كىشى ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  76. (11-سۈرە ھۇد، 76-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ئىبراھىم
    يَا إِبْرَاهِيمُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۖ إِنَّهُ قَدْ جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ ۖ وَإِنَّهُمْ آتِيهِمْ عَذَابٌ غَيْرُ مَرْدُودٍ
    (پەرىشتىلەر ئېيتتى) «ئى ئىبراھىم! بۇنى (يەنى لۇت قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشنى) قويغىن، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى) ئەمرى ئاللىقاچان چۈشتى، ئۇلارغا چوقۇم (مۇنازىرىلىشىش ياكى شاپائەت قىلىش بىلەن) قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب چۈشىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    -پەرىشتىلەر ئېيتتى- :«ئى ئىبراھىم! بۇنى -يەنى لۇت قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشنى- قويغىن، شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان چۈشتى، ئۇلارغا چوقۇم قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب چۈشىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچىلىرىمىز: «ئى ئىبراھىم! مۇنازىرىلىشىشنى قويغىن. شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلدى، ئۇلارغا قايتۇرۇلمايدىغان ئازاب كەلمەكتە» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلىرىمىز ئۇنىڭغا: «ئى ئبراھىم! بىز بىلەن تارتىشمىغىن ۋە ئۇ بەتقىلىق قەۋمگە ئىچىڭنى ئاغرىتمىغىن، چۈنكى رەببىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنىشى مۇقەررەردۇر» دېدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا 69 - ئايەتتە پەرىشتىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئېلىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، 71 - ئايەتتە ئۇ خۇش خەۋەرنىڭ ئىسھاق ۋە يەئقۇبنىڭ خۇش خەۋىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىغا بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاق دەپ بىر ئوغلى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ چوڭىيىپ ئىلىملىك، ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن ۋە پەيغەمبەر بولىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، پەرىشتىلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە بەرگەن ۋە ئۇلار ياشانغاندا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى پەرزەنتى ۋە نەۋرىسى بولىدىغانلىقىغا سۆيۈنگەن. دەرۋەقە، ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەر ئىككىسىنى پەيغەمبەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا 69 ~ 76 - ئايەتلەردە پەرىشتە ئەلچىلىرىنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بالىسى بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى بېرىشتىن باشقا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش ۋەزىپىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتقانلىقى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا ئۇلار بىلەن تارتىشقانلىقى، ئۇنىڭغا ئۇ قەۋمنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ قەتئىيلىكى بىلدۈرۈلۈپ تارتىشقانلىقىنىڭ پايدىسى يوق ئىكەنلىكىنىڭ ئۇقتۇرۇلغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىلدۈرىدۇ. 77 ~ 83 - ئايەتلەردە بولسا، مەزكۇر پەرىشتە ئەلچىلىرىنىڭ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشىنى، ئۇنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشىنى ۋە ئۇ ئىككى ھادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. (11-سۈرە ھۇد، 77-ئايەت) لۇت
    وَلَمَّا جَاءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِيءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالَ هَٰذَا يَوْمٌ عَصِيبٌ
    بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا (لۇت ئۆز قەۋمىنىڭ ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇلار توغرىسىدا يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر دىشۋار كۈندۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا لۇت قىيىن ئەھۋالدا قالدى، ئۇلار توغرىسىدا يۈرىكى سىقىلدى ۋە: «بۇ بىر دىشۋار كۈندۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، لۇت ئۇلار توغرۇلۇق قايغۇردى، ئىچى پۇشتى ۋە: «بۇ ئېغىر كۈندۇر!» دېدى .‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەلچىلىرىمىز لۇتنىڭ يېنىغا كېلىشكەن يىگىتلەر سۈرىتىدە كەلگەن ئىدى، لۇت ئۇلارنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن غەمكىن بولدى، يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلارنى قوغداشتىن ئاجىز قالىدىغانلىقىنى ئويلىدى ۋە: «بۇ ئېغىر كۈندۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. (11-سۈرە ھۇد، 78-ئايەت) لۇت
    وَجَاءَهُ قَوْمُهُ يُهْرَعُونَ إِلَيْهِ وَمِنْ قَبْلُ كَانُوا يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ ۚ قَالَ يَا قَوْمِ هَٰؤُلَاءِ بَنَاتِي هُنَّ أَطْهَرُ لَكُمْ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ فِي ضَيْفِي ۖ أَلَيْسَ مِنْكُمْ رَجُلٌ رَشِيدٌ
    لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنلا يامان ئىشلارنى قىلاتتى (يەنى لىۋاتەت قىلاتتى). لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟»(ئىزاھات: قەۋمدىكى ئاياللارنى دېمەكچى، چۈنكى پەيغەمبەر دېگەن ئۈممىتىنىڭ ئاتىسى ئورنىدا بولىدۇ.) — مۇھەممەد سالىھ

    لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى، ئۇلار بۇرۇن يامان ئىشلارنى قىلاتتى. لۇت ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ بۇ قىزلىرىم[1] سىلەرگە ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىمنىڭ ئارىسىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاراڭلاردا قەبىھ ئىشتىن توسىدىغان بىرەر كاللىسى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    لۇتنىڭ قەۋمى يۈگۈرۈشۈپ لۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار بۇرۇنمۇ يامان ئىشلارنى قىلاتتى. لۇت مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئەنە شۇ ئاياللار، مېنىڭ قىزلىرىمدۇر[7]. ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پاك ئىشتۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە مېھمانلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار! ئاراڭلاردا ئەقلى - ھوشى جايىدا ئادەم يوقمۇ؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    لۇتنىڭ قەۋمى لۇتنىڭ ئۆيىگە، كېلىشكەن يىگىتلەرنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى يامان ئىشلارنى قىلاتتى. لۇت ئۇلارغا: «ئى قەۋمىم! ئەنە شۇ ئاياللار مېنىڭ قىزلىرىمدۇر، ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېھمانلىرىمغا چېقىلىپ مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئىچىڭلاردا كاللىسى جايىدا بىرەر ئادەم يوقمۇ؟» دېدى. ئەسكەرتىش: لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ ئىچىدىكى ئاياللارنى «مېنىڭ قىزلىرىم» دېگەن، چۈنكى پەيغەمبەر ئۈممىتىنىڭ ئاتىسى، پەيغەمبەرنىڭ ئايالى ئۇممىتىنىڭ ئانىسى، ئۇممەتنى تەشكىل قىلغان ئەر - ئاياللار ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەۋلادى ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. (11-سۈرە ھۇد، 79-ئايەت) لۇت
    قَالُوا لَقَدْ عَلِمْتَ مَا لَنَا فِي بَنَاتِكَ مِنْ حَقٍّ وَإِنَّكَ لَتَعْلَمُ مَا نُرِيدُ
    ئۇلار (لۇتقا) ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا بىزنىڭ ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەقسىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتتى: «قىزلىرىڭغا ھاجىتىمىز يوق ئىكەنلىكىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، شۇنىڭدەك بىزنىڭ مەقسىتىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «سەن ئوبدان بىلىسەنكى، قىزلىرىڭدا بىز ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق يوق[8]. سەن بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى ئوبدان بىلىسەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار لۇتقا، «سەن ئوبدان بىلىسەنكى، بىز ئۇ قىزلىرىڭ بىلەن ئۆيلىنىپ، ئۇلارنى بىزنىڭ ھەققىمىز بار ھالەتكە كەلتۈرۈشنى خالىمايمىز. سەن بىزنىڭ مەقسىتىمىزنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەپ جاۋاب بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. (11-سۈرە ھۇد، 80-ئايەت) لۇت
    قَالَ لَوْ أَنَّ لِي بِكُمْ قُوَّةً أَوْ آوِي إِلَىٰ رُكْنٍ شَدِيدٍ
    لۇت ئېيتتى: «كاشكى مېنىڭ (سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان) كۈچ- قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى (چوقۇم سىلەرگە زەربە بەرگەن بولاتتىم)» — مۇھەممەد سالىھ

    لۇت ئېيتتى: «كاشكى مېنىڭ -سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان- كۈچ قۇۋۋىتىم بولسا ئىدى، ياكى ئىلتىجا قىلىدىغان كۈچلۈك جەمەتىم بولسا ئىدى...» — تەرجىمە ھەيئىتى

    لۇت: «كاشكى، مېنىڭ سىلەرگە قارشى كۈچۈم بولغان بولسا ياكى مۇستەھكەم يۆلەنچۈككە يۆلەنگەن بولسام!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    لۇت: «كاشكى، مېنىڭ سىلەرنى دەپئى قىلىدىغان كۈچۈم بولسىچۇ، ياكى كۈچلۈك بىر يۆلەنچۈككە تايانسامچۇ!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. (11-سۈرە ھۇد، 81-ئايەت) لۇت
    قَالُوا يَا لُوطُ إِنَّا رُسُلُ رَبِّكَ لَنْ يَصِلُوا إِلَيْكَ ۖ فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِنَ اللَّيْلِ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنْكُمْ أَحَدٌ إِلَّا امْرَأَتَكَ ۖ إِنَّهُ مُصِيبُهَا مَا أَصَابَهُمْ ۚ إِنَّ مَوْعِدَهُمُ الصُّبْحُ ۚ أَلَيْسَ الصُّبْحُ بِقَرِيبٍ
    ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) چىقىپ كەتكىن. ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئۇ (يەنى ئايالىڭ) ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىقىپ كەتكىن، ئايالىڭدىن باشقا، سىلەردىن ھېچ كىشى ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئايالىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە ھالاك بولغۇچىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدىغان چاغ تاڭ ۋاقتىدۇر، تاڭ يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچىلەر: «ئى لۇت! شۈبھىسىزكى، بىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز. ئۇلار ساڭا ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. سەن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭنى ئېلىپ يولغا چىققىن. سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، ئايالىڭ مۇستەسنا. چۈنكى قەۋمىڭنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلار ئۇنىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇش زامانى سۈبھى ۋاقتىدۇر. سۈبھى ۋاقتى يېقىن ئەمەسمۇ؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مانا بۇ ئەسنادا پەرىشتىلەر لۇتقا ئۆزلىرىنى ئاشكارا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى لۇت! قورقمىغىن، قايغۇرمىغىن، بىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز، ئۇلار ساڭا چېقىلالمايدۇ، ئائىلەڭنى ئېلىپ كېچىنىڭ بىر قىسمىدا بۇ يەردىن چىقىپ كەتكىن، سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن. لېكىن ئايالىڭ قېلىپ قالسۇن، سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ قەۋمىڭ بىلەن بىللە ھالاك قىلىنىشى لازىم. ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنىش ۋاقتى سۈبھى ۋاقتىدۇر، سۈبھى ۋاقتى يېقىندۇر، شۇنداق ئەمەسمۇ!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. (11-سۈرە ھۇد، 82-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب لۇت
    فَلَمَّا جَاءَ أَمْرُنَا جَعَلْنَا عَالِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهَا حِجَارَةً مِنْ سِجِّيلٍ مَنْضُودٍ
    بىزنىڭ (جازالاش) ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق)، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئەمرىمىز چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق، ئۇ يۇرتلارغا بىز ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا بىز ئۇ يەرنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە بۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. ‏ — ئەنەس ئالىم

    (82-83) ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ئەمرىمىز كەلگەن ئىدى، ئۇ يۇرتنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە بۇرۇن ھۇزۇرىمىزدا بەلگە سېلىپ، تەييارلاپ قويۇلغان ساپال تاشلارنى ياغدۇرۇۋەتتۇق. ئۇ تاشلار زالىملاردىن يىراق ئەمەس». ئاللاھ تائالا 84 ~ 95 - ئايەتلەردە شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. (11-سۈرە ھۇد، 83-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب لۇت
    مُسَوَّمَةً عِنْدَ رَبِّكَ ۖ وَمَا هِيَ مِنَ الظَّالِمِينَ بِبَعِيدٍ
    ئۇ ساپال تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار زالىملار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن يىراق ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ساپال تاشلارغا رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان ئىدى، ئۇ يۇرتلار بۇ زالىملاردىن يىراق ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا بەلگە سېلىنغان تاشلار ئىدى. ئۇلار زالىملاردىن يىراق ئەمەس.‏ — ئەنەس ئالىم

  84. وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ وَلَا تَنْقُصُوا الْمِكْيَالَ وَالْمِيزَانَ ۚ إِنِّي أَرَاكُمْ بِخَيْرٍ وَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ مُحِيطٍ
    مەديەن (ئەھلى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى كۈن(يەنى قىيامەت كۈنى) نىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    مەديەنگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى -پەيغەمبەر قىلىپ- ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد - بەرھەق- يوقتۇر، ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرمەڭلار، مەن سىلەرنى ھەقىقەتەن باي ھېسابلايمەن، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىنى قورشاپ تۇرغۇچى قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. كەمچەننى ۋە مىزاننى كەم تۇتماڭلار. مەن سىلەرنى مەمۇرچىلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمەن. شۈبھىسىزكى، مەن بېشىڭلارغا قورشىغۇچى كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۆز ۋاقتىدا مەديەن ئاھالىسىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى (مىللەتدىشى) شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ قەۋمىگە مۇنداق دېگەن: «ئى قەۋمىم! ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق ھېچقانداق ئىلاھىڭلار يوق. باشقىلارغا بىر نەرسە كەمچەنلەپ بەرگەن ياكى تارتىپ بەرگەن چېغىڭلاردا كەمچەن ۋە تارازىنى كەم تۇتماڭلار. مەن سىلەرنى مەمۇرچىلىقتا كۆرۈۋاتىمەن. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە شۈكۈر قىلىڭلار ۋە تۇزكورلۇق قىلماڭلار، ئەكسى تەقدىردە نېمەتتىن مەھرۇم قالىسىلەر ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. (11-سۈرە ھۇد، 85-ئايەت) ئادىل سودا ئادالەت
    وَيَا قَوْمِ أَوْفُوا الْمِكْيَالَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ ۖ وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
    ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆلچەمنى توغرا ئۆلچەڭلار، تارازىنى توغرا تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىلەرنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆلچەمنى توغرا ئۆلچەڭلار، تارازىنى توغرا تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىلەرنى كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! كەمچەننى ۋە مىزاننى ئادىللىق بىلەن تولۇق تۇتۇڭلار. ئىنسانلارغا نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار ۋە بۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى قەۋمىم! كەمچەننى ۋە تارازىنى توغرا تۇتۇڭلار، ئىنسانلارنىڭ نەرسىلىرىنى ھەققانىيلىق بىلەن ئۆلچەپ تولۇق بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى كېمەيتمەڭلار. ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، قاراقچىلىق قىلىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزغۇچىلىق قىلماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  86. (11-سۈرە ھۇد، 86-ئايەت) رىزىق
    بَقِيَّتُ اللَّهِ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ ۚ وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِحَفِيظٍ
    ئاللاھ سىلەرگە قالدۇرغان ھالال رىزىق (سىلەر يىغقان ھارامدىن) ياخشىدۇر، ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار. مەن سىلەرگە مۇھاپىزەتچى ئەمەسمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەر مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قالدۇرغان ھالال رىزىق، ئەڭ ياخشىدۇر، مەن سىلەرگە مۇھاپىزەتچى ئەمەسمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ قويۇپ قويغىنى سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[9]، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچى ئەمەسمەن!».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلىپ ساقلاپ قويغان ھالال مال سىلەر ئۈچۈن، كەمچەن ۋە تارازىنى كەم تۇتۇپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلاردىن ياخشىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردىن ساقلىنىپ، ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان نەرسىلەرنى توغرا يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلاردىن پايدىلىنىڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەكشۈرۈڭلار، ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئېلىڭلار ۋە رەببىڭلار ئاللاھنىڭ سىلەرنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچى ئەمەسمەن، مېنىڭ ئۇنداق ۋەزىپەم يوق». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. قَالُوا يَا شُعَيْبُ أَصَلَاتُكَ تَأْمُرُكَ أَنْ نَتْرُكَ مَا يَعْبُدُ آبَاؤُنَا أَوْ أَنْ نَفْعَلَ فِي أَمْوَالِنَا مَا نَشَاءُ ۖ إِنَّكَ لَأَنْتَ الْحَلِيمُ الرَّشِيدُ
    ئۇلار: «ئى شۇئەيب! سېنىڭ نامىزىڭ (يەنى دىنىڭ) سېنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) بىزنى تاشلاتقۇزۇشقا ياكى ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە تەسەررۇپ قىلىشىمىزنى تەرك ئەتكۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟ سەن تازىمۇ كۆڭلى ـ كۆكسى كەڭ، تازىمۇ توغرا يول تاپقان ئادەمسەن ـ دە» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى شۇئەيب! سېنىڭ نامىزىڭ سېنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى بىزنى تاشلاتقۇزۇشقا ياكى ماللىرىمىزنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىشىمىزنى تەرك ئەتكۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟ سەن تازىمۇ كۆڭلى ـ كۆكسى كەڭ، تازىمۇ توغرا يول تاپقان ئادەمسەن ـ دە» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئى شۇئەيب! سېنى، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى تەرك ئېتىشىمىز ياكى ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە تەسەررۇپ قىلماسلىقىمىز توغرىسىدا بىزگە نەسىھەت قىلىشقا نامىزىڭ ئەمر قىلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، سەن ھەقىقەتەن مۇلايىم، ئەقىل - ھوشى جايىدا ئادەمسەن[10]» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار شۇئەيبنى مەسخىرە قىلىپ: «ئى شۇئەيب! سەن بىزگە ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن مەبۇدلارغا ئىبادەت قىلماسلىقىمىز ۋە ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە تەسەررۇپ قىلماسلىقىمىز توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتىسەن. بىزگە بۇ نەسىھەتنى قىلىشىڭغا سېنى نامىزىڭ بۇيرۇۋاتامدۇ؟ سەن ھەقىقەتەن بەك مۇلايىم ۋە بەك ئەقىللىق ئادەمسەن - دە». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  88. قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَرَزَقَنِي مِنْهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَمَا أُرِيدُ أَنْ أُخَالِفَكُمْ إِلَىٰ مَا أَنْهَاكُمْ عَنْهُ ۚ إِنْ أُرِيدُ إِلَّا الْإِصْلَاحَ مَا اسْتَطَعْتُ ۚ وَمَا تَوْفِيقِي إِلَّا بِاللَّهِ ۚ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
    شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، پەرۋەردىگارىم ماڭا روشەن پاكىت (يەنى پەيغەمبەرلىك) ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، (مەن شۇنداق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلامدىم؟) سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان ئىشنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى) قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، رەببىم ماڭا روشەن پاكىت ۋە كەڭتاشا ھالال رىزىق ئاتا قىلغان تۇرسا، سىلەرگە قىلىش مەنئى قىلىنغان نەرسىنى ئۆزۈممۇ قىلىشنى خالىمايمەن، مەن پەقەت سىلەرنى قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنى خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن، ھەممە ئىشتا ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇئەيب مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن گۈزەل رىزىق ئاتا قىلغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ مەن سىلەرنى توسقان نەرسىلەرنى ئۆزۈم قىلىشنى ئىرادە قىلمايمەن. مەن پەقەت كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىرادە قىلىمەن. مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە باغلىق. مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنىلىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ناۋادا رەببىم ئاللاھ ماڭا پەيغەمبەرلىك ۋە ياخشى رىزىق ئاتا قىلغان بولسا، مەن رەببىمگە ئاسىيلىق ۋە تۇزكورلۇق قىلسام، شۇنداقلا سىلەرگە نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتسەم، بۇ تەقدىردە مېنىڭ ھالىم قانداق بولىدۇ؟ يەنە بىر گەپ، مەن سىلەرنى توسقان ئىشنى قىلىش ۋە بۇيرۇغان ئىشنى قىلماسلىق بىلەن سىلەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشنى خالىمايمەن، يەنى مەن سىلەرنى ئۆلچەمنى توغرا تۇتۇشقا بۇيرۇپ ئۆزۈمنىڭ كەم ئۆلچىگىنىم يوق، سىلەرنى بۇتقا چوقۇنۇشتىن توسۇپ ئۆزۈمنىڭ بۇتقا چوقۇنغىنىم يوق. مېنىڭ سىلەرگە نەسىھەت قىلىشتىن مەقسىتىم پەقەت قولۇمدىن كېلىشىچە سىلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىشتۇر. مېنىڭ يامان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، جۈملىدىن سىلەرگە نەسىھەت قىلىشقا تىرىشىشىم ئاللاھنىڭ ياردىمى، مەدەت بېرىشى ۋە قوللىشى بىلەن بولدى. مەن پەقەت ئاللاھقا تاياندىم، مەن تائەت - ئىبادەت بىلەن ئاللاھقىلا يۆنىلىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. (11-سۈرە ھۇد، 89-ئايەت) ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    وَيَا قَوْمِ لَا يَجْرِمَنَّكُمْ شِقَاقِي أَنْ يُصِيبَكُمْ مِثْلُ مَا أَصَابَ قَوْمَ نُوحٍ أَوْ قَوْمَ هُودٍ أَوْ قَوْمَ صَالِحٍ ۚ وَمَا قَوْمُ لُوطٍ مِنْكُمْ بِبَعِيدٍ
    ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى نۇھنىڭ قەۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. لۇت قەۋمى (نىڭ دىيارى) سىلەر (نىڭ جايىڭلار) دىن يىراق ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى نۇھنىڭ قەۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار بولغان ئازابقا دۇچار قىلمىسۇن. لۇت قەۋمى -نىڭ دىيارى- سىلەر -نىڭ جايىڭلار- دىن يىراق ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! ماڭا قارشى تۇرغانلىقىڭلار سىلەرنى ھەرگىزمۇ گۇناھقا ئېلىپ بارمىسۇن، بولمىسا نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ ياكى ھۇدنىڭ قەۋمىنىڭ ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمنىڭ بېشىغا كەلگەن پالاكەتكە ئوخشاش پالاكەت سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كېلىدۇ. لۇتنىڭ قەۋمى سىلەردىن ئۇنچە يىراق ئەمەس.‏ — ئەنەس ئالىم

    (89-90) شۇئەيب سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىدۇ: «ئى قەۋمىم! ماڭا بولغان مۇخالىپەتچىلىكىڭلار سىلەرنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىشىڭلارغا، شۇنداقلا نۇھنىڭ قەۋمى ياكى ھۇدنىڭ قەۋمى ۋە ياكى سالىھنىڭ قەۋمى دۇچار قىلىنغان ئازابقا دۇچار قىلىنىشىڭلارغا ئېلىپ بارمىسۇن. لۇتنىڭ قەۋمىمۇ سىلەردىن ئۇنچە يىراق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىڭلار. گۇناھىڭلاردىن يېنىپ رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ياخشى ئەمەللەر بىلەن رەببىڭلارغا يۆنىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھ تەۋبە قىلغان كىشىگە رەھمەت ئاتا قىلىدۇ، ئۆزىگە يۆنەلگەن كىشىنى سۆيىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  90. وَاسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّي رَحِيمٌ وَدُودٌ
    پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، مېنىڭ رەببىم -تەۋبە قىلغۇچىلارغا- ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، ئۇلارنى دوست تۇتقۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گۇناھلىرىڭلاردىن تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭغا يۆنىلىڭلار[11]. شۈبھىسىزكى، رەببىم كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

  91. قَالُوا يَا شُعَيْبُ مَا نَفْقَهُ كَثِيرًا مِمَّا تَقُولُ وَإِنَّا لَنَرَاكَ فِينَا ضَعِيفًا ۖ وَلَوْلَا رَهْطُكَ لَرَجَمْنَاكَ ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْنَا بِعَزِيزٍ
    ئۇلار: «ئى شۇئەيب ! بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ نۇرغۇنىنى چۈشەنمەيمىز. بىز ئەلۋەتتە سېنى ئارىمىزدا كۈچسىز ئادەم دەپ قارايمىز، سېنىڭ قەۋم ـ قېرىنداشلىرىڭ بولمىغاندا ئىدى، بىز سېنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەتتۇق، سەن بىزگە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى شۇئەيب! بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ نۇرغۇنىنى چۈشەنمەيمىز. بىز ئەلۋەتتە سېنى ئارىمىزدا كۈچسىز ئادەم دەپ قارايمىز، سېنىڭ قەۋم ـ قېرىنداشلىرىڭ بولمىغاندا ئىدى، بىز سېنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەتتۇق، سەن بىزگە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئى شۇئەيب! بىز سېنىڭ دېگەنلىرىڭنىڭ تولىسىنى چۈشەنمەيمىز، بىز ھەقىقەتەن سېنى ئارىمىزدا ئاجىز بىرى دەپ قارايمىز. ئەگەر قەبىلەڭ بولمىسا ئىدى، سېنى چوقۇم چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتۇق. سەن بىزگە ئەزىز ئەمەسسەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇئەيبنىڭ بۇ سەمىمىي نەسىھىتىنى ئاڭلىغان قەۋمى: «ئى شۇئەيب! سۆزلىرىڭنىڭ تولىسىنى چۈشەنمەيۋاتىمىز، بىز سېنى ئىچىمىزدە ئاجىز بىرى دەپ كۆرىمىز، ناۋادا سېنىڭ جەمەتىڭنىڭ كۆڭلىنى ئايىمىغان بولساق سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولاتتۇق، بولمىسا سەن بىز ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋەتمىگۈدەك ئەتىۋارلىق بىرىمۇ ئەمەس» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  92. قَالَ يَا قَوْمِ أَرَهْطِي أَعَزُّ عَلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَاتَّخَذْتُمُوهُ وَرَاءَكُمْ ظِهْرِيًّا ۖ إِنَّ رَبِّي بِمَا تَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
    شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم -قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئاللاھنى ئارقاڭلارغا چۆرىۋەتتىڭلار (يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىدىڭلار ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلىمىدىڭلار)، پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەۋم-قېرىنداشلىرىم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ سىلەر ئاللاھ نى ئارقاڭلارغا چۆرىۋەتتىڭلار، رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇئەيب مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ قەبىلەم سىلەرگە ئاللاھتىنمۇ ئەزىزمۇ؟ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئارقاڭلارغا چۆرۈۋەتتىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، رەببىم قىلمىشىڭلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇئەيب ئۇلارنىڭ بۇ ھاماقەتلىكى ۋە ئەدەپسىزلىكىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ جەمەتىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىنمۇ ئۈستۈنمۇ؟ جەمەتىمنىڭ يۈز - خاتىرىسى ئۈچۈن مېنى ئۆلتۈرۈۋەتمىگىنىڭلارنى ئېيتىۋاتىسىلەر، ئەجەبا سىلەر ئۈچۈن مېنىڭ جەمەتىم، مېنى سىلەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھتىنمۇ ئەتىۋارلىقمۇ؟ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلاشقان چېغىڭلاردا جەمەتىمنى ياد ئېتىپىسىلەر يۇ، ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىپسىلەرغۇ! مېنى ئۆلتۈرۈۋەتمەسلىك بىلەن جەمەتىمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپسىلەر، ماڭا ئەگەشمەسلىك بىلەن ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىنى مەنسىتمىگەن بولمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئارقاڭلارغا چۆرۈۋەتكەن بولمامسىلەر؟ شۇنى بىلىڭلاركى: مېنى سىلەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇغان رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئۆز ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرماقتىدۇر، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئۇ يېقىندا سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  93. وَيَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ سَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَمَنْ هُوَ كَاذِبٌ ۖ وَارْتَقِبُوا إِنِّي مَعَكُمْ رَقِيبٌ
    ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز يولۇم بويىچە ھەرىكەت قىلاي! ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز يولۇم بويىچە ھەرىكەت قىلاي! ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى. مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، مەنمۇ قىلىمەن. كىمنىڭ بېشىغا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر. كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتمەكتىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى قەۋمىم! «مادامىكى سىلەر كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا چىڭ تۇرۇشقا بەل باغلىغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا قولۇڭلاردىن كەلگەن يامانلىقلارنى قىلىڭلار. مەنمۇ ھەق يولدا قولۇمدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلىمەن. رەسۋا قىلىدىغان ئازابقا كىمنىڭ دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى پات يېقىندا بىلىسىلەر. مەن سىلەرنى ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمەن، سىلەر مېنى يۇرتتىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلىۋاتىسىلەر. بولىدىغان ئىشلارنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن كۈتۈپ تۇرىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  94. وَلَمَّا جَاءَ أَمْرُنَا نَجَّيْنَا شُعَيْبًا وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَأَخَذَتِ الَّذِينَ ظَلَمُوا الصَّيْحَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دِيَارِهِمْ جَاثِمِينَ
    بىزنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) پەرمانىمىز چۈشكەن چاغدا، شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتۇلدۇردۇق، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا قاتتىق ئاۋاز (دىن پەيدا بولغان زىلزىلە) يۈزلەندى، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش پەرمانىمىز چۈشكەن چاغدا، شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتۇلدۇردۇق، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمرىمىز كەلگەن چاغدا، بىز شۇئەيبنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت بىلەن قۇتقۇزدۇق. زۇلۇم قىلغانلارنى بولسا، ئۇ دەھشەتلىك ئاۋاز باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (94-95) (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «بىزنىڭ شۇئەيبنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقىمىز ئىجرا قىلىنغاندا، بىز شۇئەيبنى ۋە مۇئمىنلارنى ئىلتىپاتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، زالىملارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئىش تۈگىدى، ئۇلارنىڭ ئىزلىرى ئۆچۈپ كەتتى، ئۇلار ئۇ يۇرتلاردا ئىلگىرى باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرى مۇنۇ مەنىلەرنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ: دىققەت! مەديەن ئاھالىسى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى شۇئەيبكە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىندى ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىلگىرى ئاللاھنىڭ باشقا بىر ئەلچىسى سالىھقا قارشى چىققان سەمۇد قەۋمىنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاشلا ئىلاھىي غەزەپكە يولۇقۇپ ھالاك قىلىنىش بولدى. ئاللاھ تائالا 96 ~ 99 - ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن فىرئەۋننىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسىنى بايان قىلىش بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا تەسەللىي بېرىدۇ، زالىملارنى ۋە زالىملارنىڭ قولچوماقلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  95. (11-سۈرە ھۇد، 95-ئايەت) ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۗ أَلَا بُعْدًا لِمَدْيَنَ كَمَا بَعِدَتْ ثَمُودُ
    گويا ئۇلار ئۆيلىرىدە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. مەديەن ئاھالىسى خۇددى سەمۇد قەۋمى ھالاك بولغاندەك ھالاك بولسۇن! — مۇھەممەد سالىھ

    گويا ئۇلارئۇ يەردە تۇرمىغاندەك بولۇپ قالدى. مەديەن ئاھالىسى خۇددى سەمۇد قەۋمى ھالاك بولغاندەك ھالاك بولسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار گويا يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەديەن ئاھالىسى سەمۇد قەۋمى يوقالغاندەك يوقالسۇن!‏ — ئەنەس ئالىم

  96. (11-سۈرە ھۇد، 96-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى مۇسا
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
    بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز مۇسانى ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىللەر بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، — ئەنەس ئالىم

    (96-97) بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇسانى مۆجىزىلەر بىلەن ۋە كۈچلۈك دەلىل بىلەن فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. فىرئەۋن مۇسانى ئىنكار قىلدى ۋە ئادەملىرىنى مۇساغا قارشى چىقىشقا بۇيرۇدى. ئۇلار فىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا ئەگىشىپ مۇساغا قارشى چىقتى. ھالبۇكى، فىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  97. (11-سۈرە ھۇد، 97-ئايەت) ئازغۇنلۇق پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى
    إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاتَّبَعُوا أَمْرَ فِرْعَوْنَ ۖ وَمَا أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ
    بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەمما ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى. ۋە ھالەنكى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئۇ ئادەملەر فىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، فىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  98. يَقْدُمُ قَوْمَهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَأَوْرَدَهُمُ النَّارَ ۖ وَبِئْسَ الْوِرْدُ الْمَوْرُودُ
    پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن قىيامەت كۈنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قەۋمىنى دوزاخقا باشلاپ كىرىدۇ، ئۇ جاي نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن قىيامەت كۈنى قەۋمىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۇلارنى سۇ بار جايغا باشلاپ بارغاندەك دوزاخنىڭ ئوتىغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ باشلاپ بارغان سۇ نېمىدېگەن يامان!‏ — ئەنەس ئالىم

    (98-99) فىرئەۋن قەۋمىنى دۇنيادا ھەقكە باشلىدىم دەپ باتىلغا باشلىغاندەك، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى سۇغا باشلاپ بارغاندەك دوزاخقا باشلاپ بارىدۇ. ئۇلار فىرئەۋننىڭ كەينىگە كىرىپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن بۇ ئىچىملىك مەنبەسى (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي! چۈنكى ئۇلار ئۇ جايدا تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان سۇ ۋە لەززەتلىك ئىچىملىكلەرنى ئەمەس، ئەكسىچە ئىچ ئەزالىرىنى ۋە تېرىلىرىنى ئېرىتىۋېتىدىغان قايناق سۇ، ئىچكەنلەرنىڭ يۈزلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (مەدەن ئېرىتمىسىدەك بىر تۈرلۈك) دۇغ سۇ، گېلىدىن بەك تەستە ئۆتىدىغان زەرداب سۇ ۋە يىرىڭ قاتارلىقلارنى ئىچىدۇ. ئۇلارغا بۇ دۇنيادىمۇ لەنەت ئوقۇلىدۇ، قىيامەت كۈنىمۇ لەنەت ئوقۇلىدۇ. ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوۋغات نېمىدېگەن يامان سوۋغاتتۇر!. ئاللاھ تائالا 25 ~ 99 - ئايەتلەردە بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا تەسەللىي بېرىدۇ، زالىملارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 100 ~ 102 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ قىسسەلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە قىيامەتكە قەدەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان بارلىق زالىملارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  99. وَأُتْبِعُوا فِي هَٰذِهِ لَعْنَةً وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ بِئْسَ الرِّفْدُ الْمَرْفُودُ
    ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن (ئىككىلا دۇنيادا لەنەتكە ئۇچراشتىن ئىبارەت) بۇ سوۋغا نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ، قىيامەت كۈنىدىمۇ لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوغا نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت ئەگەشتۈرۈلدى، قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ[12]. ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ سوۋغات نېمىدېگەن يامان!‏ — ئەنەس ئالىم

  100. ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْقُرَىٰ نَقُصُّهُ عَلَيْكَ ۖ مِنْهَا قَائِمٌ وَحَصِيدٌ
    مانا بۇلار (ئاھالىسىنى بىز ھالاك قىلغان) يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرىدۇر، ئۇنى ساڭا (ۋەھىي ئارقىلىق) بايان قىلىمىز. ئۇ يۇرتلاردىن ئىزى قالغانلىرىمۇ بار (يەنى ئاھالىسى ھالاك قىلىنىپ، يۇرتلىرىنىڭ ئورنى قالدۇرۇلغانلىرىمۇ بار)، ئىزى قالمىغانلىرىمۇ بار (يەنى ئاھالىسى بىلەن قوشۇپ ئورۇۋېتىلگەن زىرائەتتەك ۋەيران قىلىنغانلىرىمۇ بار) — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇلار ئاھالىسىنى بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ خەۋەرلىرىدۇر، ئۇنى ساڭا ۋەھىيى ئارقىلىق بايان قىلىمىز. ئۇ يۇرتلاردىن ئىزى قالغانلىرىمۇ بار، ئىزى قالمىغانلىرىمۇ بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىدۇر. بىز ئۇنى ساڭا ئەينەن بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلاردىن ئىزناسى قالغىنىمۇ بار، ئورالغان زىرائەتتەك يوق بولۇپ كەتكىنىمۇ بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قىسسەلەر بىز ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىدۇر. ئۇلارنى ساڭا بىز بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرمۇ بار، بەزىلەرنىڭ ئىزلىرى تامامەن ئۆچۈپ كەتكەن. سېنىڭ ئۇلارنى بايان قىلىشىڭ، ئۇلارنى ساڭا بىزنىڭ ئۆگەتكەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا سېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  101. (11-سۈرە ھۇد، 101-ئايەت) ئادالەتسىزلىك شېرىك
    وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَٰكِنْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ۖ فَمَا أَغْنَتْ عَنْهُمْ آلِهَتُهُمُ الَّتِي يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ لَمَّا جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ ۖ وَمَا زَادُوهُمْ غَيْرَ تَتْبِيبٍ
    بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش) پەرمانى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۇلارغا پەقەت زىيان سالدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش پەرمانى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۇلارغا پەقەت زىيان سالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان ئىلاھلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، زىيانلىرىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىشقا يارىمىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار كۇفرىلىق، ئاسىيلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. ئازابىمىز ئۇلارنى قورشىغاندا، ئۇلارنىڭ بىزنى قويۇپ دۇئا قىلىپ (چوقۇنۇپ) كەلگەن ئىلاھلىرى ئۇلارنى قوغداش ۋە ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىش تۈگۈل، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ ئارتتۇرۇۋەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. (11-سۈرە ھۇد، 102-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئادالەتسىزلىك
    وَكَذَٰلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَىٰ وَهِيَ ظَالِمَةٌ ۚ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ
    پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ زالىم يۇرتلار ئاھالىسىنى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى جازالىغاندا ئەنە شۇنداق جازالايدۇ. ئۇنىڭ جازالىشى بەك ئەلەملىك، بەك قاتتىق بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى جازالىسا، ئەنە شۇنداق (نۇھ، ھۇد ۋە سالھ...نىڭ قەۋملىرىنى جازالىغاندەك) جازالايدۇ. رەببىڭنىڭ جازالىشى ھەقىقەتەن ئەلەملىك ۋە قاتتىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 100 ~ 102 - ئايەتلەردە ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ خەۋەرلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ ئۆگەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ۋە مۇئمىنلارغا تەسەللىي بېرىدۇ، ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ ھالاك قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىقىنى ۋە باشقا تېگىشلىك بولغانلارنىمۇ ئەينى شەكىلدە جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىيامەتكە قەدەر بارلىق زالىملارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 103 ~ 108 - ئايەتلەردە بولسا، مەزكۇر قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرىدە ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغانلارغا ئىبرەت بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاخىرەت كۈنىنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇ كۈنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا، يەنى مەزكۇر قىسسەلەردىن ئىبرەت ئېلىپ ياشىغان ياكى ئىبرەت ئالماستىن ياشىغانلىقىغا قارىتا بەختلىك ۋە بەختسىز بولۇپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  103. (11-سۈرە ھۇد، 103-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ئازاب
    إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِمَنْ خَافَ عَذَابَ الْآخِرَةِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمٌ مَجْمُوعٌ لَهُ النَّاسُ وَذَٰلِكَ يَوْمٌ مَشْهُودٌ
    ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ (قىسسە) دىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق(ھېساب بېرىش ئۈچۈن) يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ قىسسىدىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدا ئاخىرەت ئازابىدىن قورققان كىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەت بار[13]. ئەنە شۇ ئاخىرەت كۈنى ئىنسانلار بىر يەرگە يىغىلىدىغان كۈندۇر. ئەنە شۇ ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ قىسسەلەردىن ئاخىرەت ئازابىدىن قورققان كىشى چوقۇم ئىبرەت ئالىدۇ، يەنى ئاخىرەتتىكى ئازابتىن قورققان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ، ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى بۇ دۇنيادا ئۇ قەدەر ئەلەملىك ۋە قاتتىق جازالىشىغا قاراپ، ھەقىقىي جازا ۋە مۇكاپات كۈنى بولغان ئاخىرەتتە ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسىنىڭ تېخىمۇ ئەلەملىك ۋە تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ - دە، تائەت - ئىبادەتكە تېخىمۇ كۈچەيدۇ، يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. «ھەقىقەتەن ئايەت بار» دېگەن ئىپادىدىكى «ئايەت» ئۇ كىشى ئالىدىغان بۇ ئىبرەتنى، نەسىھەتنى ۋە ساۋاقنى كۆرسىتىدۇ. قىيامەت كۈنى - پۈتكۈل خالايىق قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئۈچۈن مەھشەرگاھقا يىغىلىدىغان ۋە ئىنسانلار، جىنلار، پەرىشتىلەر ھازىر بولۇپ بىر - بىرىگە كۆرۈنىدىغان كۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. (11-سۈرە ھۇد، 104-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم
    وَمَا نُؤَخِّرُهُ إِلَّا لِأَجَلٍ مَعْدُودٍ
    ئۇنى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) بىز مۇئەييەن مۇددەتكىچە تەخىر قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز قىيامەتنى مۇئەييەن مۇددەتكىچىلا تەخىر قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ كۈننى پەقەت مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    (104-107) بىز ئۇ كۈننى ئازغىنە مۇددەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈنلا كېچىكتۈرۈۋاتىمىز. ئۇ كۈن كەلگەندە ھېچكىم ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز گەپ قىلمايدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسانلارنىڭ بەزىسى بەختسىز، بەزىسى بەختلىك بولىدۇ. بەختسىز بولغانلار دوزاختا بولىدۇ، دوزاخنىڭ ئىچىدە ھەر نەپەس ئېلىشىدا ئىڭرايدۇ ۋە نالە - پەرياد قىلىدۇ. ئۇلار ئەبەدىي ھاياتقا ئۇيغۇن مەڭگۈ تۇرىدىغان قىلىپ قايتا يارىتىلغان ئاسمانلار ۋە زېمىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەت ئىچىدە دوزاختا قالىدۇ، يەنى ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ خالىغىنى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئىرادە قىلغان شۇنچە نەرسىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  105. (11-سۈرە ھۇد، 105-ئايەت) ھىساب
    يَوْمَ يَأْتِ لَا تَكَلَّمُ نَفْسٌ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ فَمِنْهُمْ شَقِيٌّ وَسَعِيدٌ
    قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم پەقەت ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەتبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەتبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈن كەلگەندە ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم گەپ قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەختسىزدۇر، بەزىسى بەختلىكتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  106. (11-سۈرە ھۇد، 106-ئايەت) دوزاخ ئازابى ئىلاھىي ئازاب
    فَأَمَّا الَّذِينَ شَقُوا فَفِي النَّارِ لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَشَهِيقٌ
    بەتبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) توۋلاپ نالە ـ پەرياد چېكىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بەتبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا -ئېشەك ھاڭرىغاندەك- توۋلاپ نالە ـ پەرياد چېكىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەختسىز بولغانلار دوزاختا بولىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر نەپەستە ئىڭرايدۇ ۋە پەرياد قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  107. (11-سۈرە ھۇد، 107-ئايەت) دوزاخ ئازابى ئىلاھىي ئىرادە
    خَالِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ إِلَّا مَا شَاءَ رَبُّكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ
    (دوزاخنىڭ) ئاسمان ـ زېمىنى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار دوزاختا پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمان ـ زېمىن يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار دوزاختا رەببىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ، رەببىڭ ئەلۋەتتە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىن مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. رەببىڭنىڭ خالىغىنى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  108. وَأَمَّا الَّذِينَ سُعِدُوا فَفِي الْجَنَّةِ خَالِدِينَ فِيهَا مَا دَامَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ إِلَّا مَا شَاءَ رَبُّكَ ۖ عَطَاءً غَيْرَ مَجْذُوذٍ
    سائادەتمەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، (جەننەتنىڭ) ئاسمان ـ زېمىنى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار جەننەتتە پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ ،(بۇ ئۇلارغا قىلىنغان) ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنئامدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سائادەتمەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، ئاسمان ـ زېمىن يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار جەننەتتە رەببىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ. بۇ ئۇلارغا قىلىنغان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئىنئامدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەختلىك قىلىنغانلارغا كەلسەك، ئۇلار جەننەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىن مەۋجۇت بولۇپلا تۇرىدىكەن جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. رەببىڭنىڭ خالىغىنى مۇستەسنا. بۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مۇكاپاتتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بەختلىك بولغانلارغا كەلسەك، ئۇلار جەننەتتە بولىدۇ، ئۇلار ئەبەدىي ھاياتقا ئۇيغۇن مەڭگۈ تۇرىدىغان قىلىپ قايتا يارىتىلغان ئاسمانلار ۋە زېمىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەت ئىچىدە جەننەتتە قالىدۇ، يەنى ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ خالىغىنى مۇستەسنا. بۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مۇكاپاتتۇر. ئەسكەرتىش: 107 - ۋە 108 - ئايەتلەردە ئۆتكەن «ئاللاھنىڭ خالىغىنى مۇستەسنا» مەنىسىدىكى ئىككى ئىپادە، ئەھلى دوزاخنىڭ دوزاختىن، ئەھلى جەننەتنىڭ جەننەتتىن چىقىشىنى ئاللاھنىڭ خالايدىغانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ھەر ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ھەر پىرقىنى لايىق بولغان جايغا ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە ھەر پىرقىنىڭ ئۆزلىرى ئورۇنلاشقان جايدا (دوزاختا ياكى جەننەتتە) مەڭگۈ قېلىشىنى خالىغانلىقىنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن بۇنىڭدىن غەيرىينى خالىمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئىپادىلەرنىڭ ئالدى - كەينىدىكى جۈملىلەرنىڭ مەنىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  109. (11-سۈرە ھۇد، 109-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى شېرىك
    فَلَا تَكُ فِي مِرْيَةٍ مِمَّا يَعْبُدُ هَٰؤُلَاءِ ۚ مَا يَعْبُدُونَ إِلَّا كَمَا يَعْبُدُ آبَاؤُهُمْ مِنْ قَبْلُ ۚ وَإِنَّا لَمُوَفُّوهُمْ نَصِيبَهُمْ غَيْرَ مَنْقُوصٍ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنىڭ (گۇمراھلىق) ئىكەنلىكىدىن شەكلەنمە ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بىز ساڭا قىسسەسىنى بايان قىلغان ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئوخشاشلا چوقۇنىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ (ئازابتىن) تېگىشلىك نېسىۋىسىنى چوقۇم كېمەيتمەي بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشىنىڭ گۇمراھلىق ئىكەنلىكىدىن شەكلەنمە، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بىز ساڭا قىسسىسىنى بايان قىلغان ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئوخشاشلا چوقۇنىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ تېگىشلىك نېسىۋىسىنى چوقۇم كېمەيتمەي بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا مۇشرىكلار چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ باتىل ئىكەنلىكىدىن ھېچ شۈبھىلەنمىگىن! ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە بۇرۇن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ چوقۇنغىنىغا ئوخشاشلا چوقۇنىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىنى كەم - كۈتسىز، تولۇق بېرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز يۇقىرىدا پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاقىۋەتلىرىنى ساڭا بايان قىلدۇق. ئۇنداقتا، سەن قەۋمىڭنىڭ ئىچىدىن ساڭا قارشى چىقىدىغانلارنىڭ بولۇشىنى نورمال ئەھۋال دەپ بىلگىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىدىن ۋە (تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە) بىزنىڭ ئۇلارنى دۇنيا - ئاخىرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقىمىزدىن قىلچە شۈبھىلەنمىگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  110. (11-سۈرە ھۇد، 110-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار كاپىرلىق
    وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَاخْتُلِفَ فِيهِ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ مُرِيبٍ
    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاپ (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىندى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمى بۇ كىتاب ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشتى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىن چىقارغان (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇش ھەققىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇشۇ دۇنيادىلا ياخشىغا ياخشىچە، يامانغا يامانچە) چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىلاتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) زور گۇماندىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب - يەنى تەۋرات-نى بەردۇق، ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىندى. رەببىڭنىڭ ئالدىن چىقارغان ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىلاتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ئۇنىڭدىن زور گۇماندىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىمۇ ئىختىلاپ قىلىندى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. ئۇلار قۇرئان توغرىسىدا قاتتىق شۈبھە ئىچىدىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا كىتابنى (تەۋراتنى) بەرگەن ئىدۇق، ئۇ كىتابتىمۇ ئىختىلاپ قىلىندى؛ بەزىلەر نەپسى خاھىشىنى كىتابقا بويسۇندۇردى، بەزىلەر كىتابنى نەپسى خاھىشىغا بويسۇندۇردى. نەتىجىدە مۇسانىڭ قەۋمى ھەقتىن يىراقلىشىپ پىرقىلەرگە ۋە گۇرۇھلارغا ئايرىلدى. ئەگەر بىزنىڭ ھېسابنى قىيامەت كۈنى ئېلىش، تېگىشلىك جازا ۋە مۇكاپاتنى قىيامەت كۈنى بېرىش توغرىسىدا بۇرۇن ئېيتقان سۆزىمىز بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى، يامانلارنى جازالاش ۋە ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق مۇشۇ دۇنيادا ئايرىغان بولاتتۇق. ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان يەھۇدىي كافىرلىرى ۋە سېنىڭ قەۋمىڭدىن بولغان مۇشرىكلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتاب (قۇرئان) توغرىسىدا قاتتىق شۈبھە قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  111. (11-سۈرە ھۇد، 111-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    وَإِنَّ كُلًّا لَمَّا لَيُوَفِّيَنَّهُمْ رَبُّكَ أَعْمَالَهُمْ ۚ إِنَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
    پەرۋەردىگارىڭ ھەر بىر ئادەمگە ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ، ئاللاھ ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ ھەر بىر ئادەمگە ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ، ئاللاھ، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە قىلمىشلىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى ۋە مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن، جۈملىدىن قەۋمىڭنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  112. فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَمَنْ تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا ۚ إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەن ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، سەن بىلەن بىرگە تەۋبە قىلغانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. ئاللاھنىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداقتا سەن ئەمر قىلىنغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغىن! يېنىڭدىكى تەۋبە قىلغانلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن كىتابقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت؛ بۇيسۇنغانلارمۇ بولدى، قارشى چىققانلارمۇ بولدى. ئۇنداقتا، سەن تەرىپىمىزدىن ئەمر قىلىنغىنىڭ بويىچە توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىن، سەن بىلەن بىر يولغا كىرگەن مۇئمىنلارمۇ ئەمر قىلىنغىنى بويىچە توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرسۇن. ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا سەل قاراش، كەم - زىيادە قىلىش ياكى تەرك ئېتىش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلار كۆرۈپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  113. (11-سۈرە ھۇد، 113-ئايەت) دوزاخ ئازابى ئادالەتسىزلىك
    وَلَا تَرْكَنُوا إِلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا فَتَمَسَّكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ثُمَّ لَا تُنْصَرُونَ
    زالىملارغا مايىل بولماڭلار، (مايىل بولساڭلار) دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    زالىملارغا مايىل بولماڭلار، مايىل بولساڭلار دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ياردەمچى يوقتۇر، ئاندىن كېيىن ھېچ ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    زالىملارغا مايىل بولماڭلار، بولمىسا دوزاخ ئوتى سىلەرنىمۇ كۆيدۈرىدۇ. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەرگىمۇ ۋەلىيلىرىڭلار بولمايدۇ[14]، ياردەممۇ كۆرەلمەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! زالىملارغا ھېچبىر شەكىلدە مايىل بولماڭلار، بولمىسا دوزاخ ئوتىغا مەھكۇم قىلىنىسىلەر، ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلاردىن ئۇ ئوتنى دەپئى قىلىدىغان بىرەر دوستمۇ تاپالمايسىلەر، مەدەتكارمۇ تاپالمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  114. (11-سۈرە ھۇد، 114-ئايەت) تەقۋادارلىق پەرز ناماز
    وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ ۚ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ ۚ ذَٰلِكَ ذِكْرَىٰ لِلذَّاكِرِينَ
    كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (ئىزاھات: بۇ يەردە پەرز نامازلاردىن بامدات، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامازلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.) — مۇھەممەد سالىھ

    كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە - يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا- ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن[1]. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە[15] ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا[16] تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن[17]. شۈبھىسىزكى، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوقىتىدۇ. بۇ ئېسىدە تۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئەسلىتىشتۇر[18].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! پەرز نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا داۋاملىق ۋە تولۇق ئۆتىگىن. بىلگىنكى: ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوققا چىقىرىدۇ. بۇ ئېسىدە تۇتقۇچىلار ئۈچۈن نەسىھەت ۋە ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىشتۇر. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى «تەرەفەيىنناھار»دۇر. بۇ ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ، بۇ بىرىكمىدە مۇزافۇ «تەرەفەي» دۇر. «تەرەفەي»، لۇغەتتە بىر تەرەپ، بىر توپ، بىر تۈركۈم، چېگرا، يان دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «تەرەف» كەلىمىسىنىڭ ئىككىلىك شەكلىدۇر. بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە مۇزاف (ئېنىقلانغۇچى) بولۇپ كەلگەندە مۇزافۇن ئىلەيھ (ئېنىقلىغۇچى)نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندۈزنىڭ «ئىككى تەرىپىدە» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئىككى ۋاقىت ناماز - بامدات بىلەن نامازشام ئەمەس، ئەكسىچە پېشىن بىلەن نامازدىگەردۇر، چۈنكى بامدات ۋە نامازشامنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر. بۇ ۋاقىتلارغا كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى دېيىلمەيدۇ. ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى بولسا، «زۇلەفەن مىنەللەيل»دۇر. «زۇلەف» «زۇلفە»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. 2 - سۈرە بەقەرە 238 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدە دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، كۆپلۈك ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسى يېقىنلىق دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا «زۇلەفەن مىنەللەيل»نىڭ مەنىسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۈچ ۋاقىتتا ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئۈچ ناماز بولسا، نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىدۇر، چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر ھەمدە كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلاردۇر. ئىلاۋە: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 17 - سۈرە ئىسرانىڭ 78 - ئايىتىدە «ئەقىمىسسەلاتە - أقم الصلاة» دەيدۇ. «ئەقىم - أقم» قىيام مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن ئۆتۈملۈك بۇيرۇق پېئىلى بولۇپ، ئەسلى مەنىسى «ئۆرە تۇرغۇزغىن» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە ئەقىم ئەمرىدىن كېيىن كەلگەن كەلىمە «ئەسسەلات» بولۇپ، بۇ ئېنىق ئىسىم (مەئرىفە)دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر ئايەتلەردىكى «ئەسسەلات»، «تەكبىر بىلەن باشلىنىپ سالام بىلەن ئاخىرلىشىدىغان، مۇئەييەن ھەرىكەت ۋە سۆزلەردىن تەركىب تاپقان بەدەنىي ئىبادەت»نى، يەنى ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلۇپ ۋە ئادا قىلىنىپ كەلگەن كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنى كۆرسىتىدۇ. نامازنى ئۆرە تۇرغۇزۇشقا قىلىنغان بۇ بۇيرۇق، بەش ۋاخ نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا، شەرت ۋە شەكىللىرىنى، ئەركان ۋە زىكىرلىرىنى، دۇئا ۋە تەسبىھلىرىنى توغرا رەۋىشتە ئادا قىلىش بىلەن ئورۇندىلىدۇ. بۇنى «تولۇق ۋە داۋاملىق» دېگەن سۆز ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «ئەسسەلات»نىڭ بېشىدا ئىقامە مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىل ياكى سۈپەت كەلسە، ئۇ «تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش»نىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  115. (11-سۈرە ھۇد، 115-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات سەۋر
    وَاصْبِرْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەۋر قىلغىن، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇيرۇقلىرىمىزنى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە ئۇ يولدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ساڭا بۈيۈك مۇكاپات بېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 25 ~ 115 - ئايەتلەردە ئىلگىرى بەزى قەۋملەرنى ھالاك قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا تەسەللىي بېرىدۇ؛ زالىملارنى ئاگانلاندۇرىدۇ، ئۇ قەۋملەرنىڭ قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا تەرغىب قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىبرەت ئالغانلارنىڭ ۋە ئىبرەت ئالمىغانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە مۇئمىنلارنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. 116 ~ 119 - ئايەتتە بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇ قەۋملەرنى ھالاك قىلىشتىكى ۋە ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىشتىكى قانۇنلىرىنى بايان قىلىدۇ، ھالاك قىلىنغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ھالاك قىلىنىش يولىنى تاللىغانلىقىنى ۋە خاتا يولدا مېڭىپ خەتەرلىك مەنزىلگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  116. فَلَوْلَا كَانَ مِنَ الْقُرُونِ مِنْ قَبْلِكُمْ أُولُو بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ الْفَسَادِ فِي الْأَرْضِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّنْ أَنْجَيْنَا مِنْهُمْ ۗ وَاتَّبَعَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مَا أُتْرِفُوا فِيهِ وَكَانُوا مُجْرِمِينَ
    سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (يامانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزغۇنچىلىقنى توسۇپ، بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش ـ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىلگىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش ـ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەردىن بۇرۇنقى ئۇممەتلەرنىڭ ئىچىدە نېمىشقا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن مەنئى قىلىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەر بولمىدى؟ ئۇلاردىن بىز قۇتقۇزغان ئازغىنە كىشىلەر مۇستەسنا. زۇلۇم قىلغانلار ئۆزلىرىنى ئەركىلەتكەن باياشاتلىققا بېرىلدى ۋە گۇناھكار ئادەملەر بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلغان قەۋملەرنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ۋە سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان پەزىلەتلىك بىر جامائەنىڭ بولۇشى لازىم ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنداق بىر جامائە بولمىدى، زالىملار كەيپ - ساپاغا بېرىلىپ كۇفرىلىق ۋە بويۇنتاۋلىققا چۆمدى، شۇنداقلا ھالاك قىلىنىشقا تېگىشلىك بولدى. لېكىن قىسمەن مۇئمىنلار قولىدىن كېلىشىچە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئۇ قەۋملەر قۇلاق سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ مۇئمىنلارنى قۇتقۇزۇپ زالىملارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  117. (11-سۈرە ھۇد، 117-ئايەت) ئادالەت
    وَمَا كَانَ رَبُّكَ لِيُهْلِكَ الْقُرَىٰ بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا مُصْلِحُونَ
    پەرۋەردىگارىڭ ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى زۇلۇم سېلىپ ھالاك قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ ئاھالىسى ياخشى بولغان يۇرتلارنى زۇلۇم سېلىپ ھالاك قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ ئاھالىسى ئىسلاھ قىلغۇچى بولغان يۇرتلارنى ھەرگىزمۇ زۇلۇم بىلەن ھالاك قىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ ھەقنى چىڭ تۇتۇۋاتقان، ئادالەتنى بەرپا قىلىۋاتقان، ئۆزىنى تۈزىتىپ ياخشىلىغان ۋە باشقىلارنىمۇ تۈزىتىپ ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان ھېچبىر قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتمەيدۇ، چۈنكى سېنىڭ رەببىڭ ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىدۇ، ئەسلا زۇلۇم قىلمايدۇ، ھەرگىزمۇ ناھەقچىلىك قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  118. (11-سۈرە ھۇد، 118-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە
    وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَجَعَلَ النَّاسَ أُمَّةً وَاحِدَةً ۖ وَلَا يَزَالُونَ مُخْتَلِفِينَ
    ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار(دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئوخشىمىغان پىكىردىدۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى (ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش تەبىئىتىدە) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، ئۇلارداۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلارنى ئەلۋەتتە بىر ئۇممەت قىلاتتى. ئۇلار داۋاملىق ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر رەببىڭ خالىغان بولسا بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاش قابىلىيەتتە ۋە ئوخشاش چۈشىنىدىغان ھالەتتە يارىتىپ بىر ئۇممەت قىلاتتى، ئۇ چاغدا تائەت - ئىبادەت ئىختىيارىي ئەمەس، ئەكسىچە تەبىئىي بولاتتى، شۇنداقلا بۇ ئالەم باشقا بىر ئالەم بولاتتى. لېكىن رەببىڭ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنى پەرقلىق قابىلىيەت ۋە پەرقلىق چۈشىنىدىغان ئەركىنلىكتە قىلىپ ياراتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار ھەر ئىشتا پەرقلىق پىكىر ۋە پەرقلىق ھەرىكەتتە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەتتا ئۇلار دىنىي ئىشتىمۇ ئىختىلاپلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  119. إِلَّا مَنْ رَحِمَ رَبُّكَ ۚ وَلِذَٰلِكَ خَلَقَهُمْ ۗ وَتَمَّتْ كَلِمَةُ رَبِّكَ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
    ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار(دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئوخشىمىغان پىكىردىدۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى (ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش تەبىئىتىدە) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت رەببىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى. رەببىڭنىڭ: «مەن چوقۇم پۈتۈن جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    پەقەت رەببىڭ مەرھەمەت قىلغان كىشىلەر مۇستەسنا. ئۇ ئىنسانلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى. رەببىڭنىڭ: «شۈبھىسىزكى، مەن جەھەننەمنى تامامەن جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزى تولۇق ئەمەلگە ئاشقان بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    لېكىن ئۆزلىرىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى ياخشىنى تاللاشقا ئىشلىتىپ رەببىڭنىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولغانلار ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار ھەق ئۈستىدە ئىتتىپاقلىشىدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە لايىق رەۋىشتە ئىشىنىدۇ. رەببىڭ ئۇلارنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن بۇنىڭ ئۈچۈن يەنى ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنىڭ ۋە ئېزىپ كېتىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولۇشى، نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ بەختلىك بەختسىز، ھەق تەرەپدارى باتىل تەرەپدارى، ھىدايەت تاپقۇچى ۋە ئېزىپ كەتكۈچى بولۇپ ئىككى پىرقە بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھنىڭ بۇ ئىرادىسى نەتىجىسىدە ئىنسانلار دۇنياسىدا ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشكەنلەرمۇ ئۆز قىلمىشى بىلەن ئېرىشىدىغان، ئىلاھىي جازاغا دۇچار بولغانلارمۇ ئۆز قىلمىشى بىلەن دۇچار بولىدىغان ئادىل بىر سىستېما قۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن رەببىڭنىڭ: «مەن دوزاخنى ئىبلىسقا ئەگەشكەن جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن مەنىدىكى ۋەدىسى تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. ئاللاھ تائالا 120 ~ 123 - ئايەتلەردە يۇقىرىدىكى قىسسەلەرنى بايان قىلىشنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا يەتكۈزىدىغان پايدىلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ قىسسەلەردىن ئىبرەت ئالمىغان، شۇنداقلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇشىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىز ۋە قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بۇ سۈرە (ھۇد)نىڭ بېشىدىكى قۇرئاننى بۇ شەكىلدە نازىل قىلىشنىڭ ھېكمىتى بولغان تەۋھىدنى چىڭ تۇتۇشقا قايتا ئەمر قىلىدۇ ۋە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  120. (11-سۈرە ھۇد، 120-ئايەت) ھەق پەيغەمبەرگە تەسەللىي
    وَكُلًّا نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَاءِ الرُّسُلِ مَا نُثَبِّتُ بِهِ فُؤَادَكَ ۚ وَجَاءَكَ فِي هَٰذِهِ الْحَقُّ وَمَوْعِظَةٌ وَذِكْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
    كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنىڭدا ساڭا ھەقىقەت كەلدى، مۆمىنلەر ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەت ۋە ئىبرەتلەر باردۇرقىسسەلەر — مۇھەممەد سالىھ

    كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇ سۈرىدە ساڭا ھەقىقەت، مۇئمىنلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت ۋە ئىبرەتلەر كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئەلچىلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن سېنىڭ دىلىڭنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەر نەرسىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلاردا ساڭا ھەق، مۇئمىنلارغا نەسىھەت ۋە ئەسلىتىش كەلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان قىسسەلەر سېنىڭ دىلىڭنى كۈچەيتىپ ئەلچىلىكنىڭ مۇشەققەتلىرىگە چىدايدىغان ھالەتكە كېلىشىگە ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ دەۋەت قىلغان ھەقنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىڭگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلىشىڭغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلار ئۇ قىسسەلەرنى ئاڭلاپ ئىمانى كۈچىيىدۇ - دە، ياخشى ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلىدۇ، ھەقنىڭ غالىب، باتىلنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  121. (11-سۈرە ھۇد، 121-ئايەت) ئاللاھقا ئىتائەت
    وَقُلْ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنَّا عَامِلُونَ
    ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلايلى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىز بويىچە ھەرىكەت قىلايلى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتمىغانلارغا ئېيتقىنكى: «قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، بىزمۇ قىلىمىز!‏ — ئەنەس ئالىم

    (121-122) ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسەلەرنى ئاڭلاپ ئىبرەت ئالمىغان، شۇنداقلا ھەقكە قارشى چىقىشتا ئەزۋەيلەۋاتقانلارغا ئېيتقىنكى: «قولۇڭلاردىن كېلىشىچە، جېنىڭلارنىڭ بارىچە ۋە كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ھەقكە قارشى تۇرۇڭلار، يولىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى: بىز يولىمىزدىن ئەسلا يانمايمىز، ھەقكە ئەمەل قىلىشنى ۋە ھەقكە دەۋەت قىلىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز، بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىشىنى كۈتكەن بالا - مۇسىبەتلىرىڭلارنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، بىز ھەقنىڭ غالىب كېلىشىنى ۋە باتىل تەرەپدارى بولغان سىلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشۇڭلارنى كۈتۈپ تۇرماقتىمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  122. (11-سۈرە ھۇد، 122-ئايەت) سەۋر
    وَانْتَظِرُوا إِنَّا مُنْتَظِرُونَ
    سىلەر (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە (شۇنى) كۈتىمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە شۇنى كۈتىمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۈتۈڭلار، بىزمۇ كۈتىمىز!».‏ — ئەنەس ئالىم

  123. وَلِلَّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَإِلَيْهِ يُرْجَعُ الْأَمْرُ كُلُّهُ فَاعْبُدْهُ وَتَوَكَّلْ عَلَيْهِ ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن). پەرۋەردىگارىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ، شۇنداق ئىكەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. رەببىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. بارلىق ئىشلار ئۇنىڭغىلا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغىن. رەببىڭ قىلىمىشلىرىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەرسىز ئەمەس.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق غەيىبلەرنى، جۈملىدىن سىلەر دۇچار بولىدىغان يامان ئاقىۋەتنى ۋە بىز ئېرىشىدىغان ياخشى ئاقىۋەتنى ئاللاھ بىلىدۇ. كائىناتتا بولغان، بولۇۋاتقان ۋە بولىدىغان پۈتكۈل ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلىشى، يارىتىشى ۋە ئىجرا قىلىشى بىلەن بولىدۇ؛ ئاللاھ خالىغان ئىش بولىدۇ، ئاللاھ خالىمىغان ئىش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، قىيامەت كۈنى، مەخلۇقاتلارنىڭ، بولۇپمۇ ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان قىلمىشلىرى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش، يامانلارنى جازالاش ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! شۇڭلاشقا ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلغىن، ئاللاھقىلا تايانغىن ۋە ئىشلىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە سىلەرگە دۇنيا - ئاخىرەتتە قىلمىشىڭلارغا قارىتا مۇئامىلە قىلىدۇ؛ ياخشى قىلمىشىڭلارغا مۇكاپات، يامان قىلمىشىڭلارغا جازا بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى