مەريەم سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 98 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: ھەزرىتى مەريەم ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنغان (16~37-ئايەتلەر)
  1. (19-سۈرە مەريەم، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ كهيعص
    كاف، ھا، يا، ئەين، ساد — مۇھەممەد سالىھ

    كاف، ھا، يا، ئەيىن، ساد! — تەرجىمە ھەيئىتى

    كاف، ھا، يا، ئەين، ساد.‏ — ئەنەس ئالىم

    كاف، ھا، يا، ئەين، ساد. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا
    بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھىمىتىنىڭ بايانىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ رەببىڭنىڭ، بەندىسى زەكەرىيياغا ئاتا قىلغان رەھمىتىنى زىكىر قىلىشىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (2-3) ئى مۇھەممەد! بۇ، رەببىڭ ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ بەندىسى زەكەرىييانىڭ پەس ئاۋازدا نىدا قىلىپ بالا تىلىگەن دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغانلىقىنى زىكىر قىلىشىدۇر: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (19-سۈرە مەريەم، 3-ئايەت) ئىخلاس دۇئا
    إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا
    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ رەببىگە پەس ئاۋاز بىلەن نىدا قىلىپ،‏ — ئەنەس ئالىم

  4. قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُنْ بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا
    ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. رەببىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىم! سۆڭەكلىرىم بوشىشىپ كەتتى، چاچلىرىم ئاقىرىپ كەتتى. رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ، بەختسىز بولمىدىم[1].‏ — ئەنەس ئالىم

    زەكەرىييا ئۇ نىداسىدا مۇنداق دەپ ئىلتىجا قىلغان ئىدى: «رەببىم! ئۆزۈم ياشىنىپ بەك ئاجىزلاپ كەتتىم، چاچلىرىم ئاقىرىپ كەتتى. مەن ھازىرغىچە سەندىن نېمە تىلىسەم، سەن ئۇنى ماڭا ئاتا قىلدىڭ، قاچان دۇئا قىلسام ئىجابەت قىلدىڭ، قاچان ساڭا قوللىرىمنى ئاچسام قۇرۇق قايتۇرمىدىڭ يارەب! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (19-سۈرە مەريەم، 5-ئايەت) رىزىق دۇئا زەكەرىيا ۋە يەھيا
    وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِنْ وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا
    مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، پەزلىڭدىن ماڭا بىر ياردەمچى ئاتا قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن، تۇغقانلىرىمنىڭ ئىزىمنى باسماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، ئايالىم بولسا تۇغماس، ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن بىر ۋەلىي[2] ئاتا قىلغىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    (5-6) رەببىم! مەن تۇغقانلىرىمنىڭ مەن ئۆلگەندىن كېيىن يولۇمنى داۋاملاشتۇرماسلىقىدىن، ئىزىمنى باسماسلىقىدىن ۋە ۋەزىپىسىنى ئورۇندىماسلىقىدىن ھەقىقەتەن ئەنسىرەۋاتىمەن. ئايالىم بولسا تۇغماس خوتۇندۇر. ماڭا، ئۆز ئىلتىپاتىڭ بىلەن ماڭا ۋە يەئقۇبنىڭ جەمەتىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان بىر ئوغۇل ئاتا قىلغىن. رەببىم! ئۇ بالامنى سەن رازى بولىدىغان ۋە بەندىلىرىڭ سۆيىدىغان ياخشى ئادەم بولغىلى نېسىپ قىلغىن». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەس ئاۋاز بىلەن دۇئا قىلغانلىقىنى ۋە بۇ دۇئانى ئىجابەت قىلغانلىقىنى، باشقا بىر ئايەتتە ھەرقانداق كىشىنىڭ پەس ئاۋاز بىلەن قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە بولسا پەس ئاۋاز بىلەن دۇئا قىلىشقا ئەمىر قىلىدۇ. دېمەككى، دۇئانى پەس ئاۋاز بىلەن قىلىش ئەۋزەلدۇر، ھەتتا مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇنداق دۇئا ئىخلاسقا تېخىمۇ يېقىندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا
    ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ماڭا ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھەم ماڭا ۋارىسلىق قىلسۇن ھەم يەئقۇبنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا ۋارىسلىق قىلسۇن. رەببىم! ئۇنى سۆيۈملۈك بىرى قىلغىن».‏ — ئەنەس ئالىم

  7. يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَلْ لَهُ مِنْ قَبْلُ سَمِيًّا
    (ئاللاھ ئېيتتىكى) «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتىكى-: «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى زەكەرىييا! ساڭا خۇش خەۋەر: يەھيا ئىسىملىك ئوغلۇڭ بولىدۇ. بىز ئىلگىرى ھېچكىمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق».‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا مەريەمنىڭ ھۇجرىسىدا ناماز ئۆتەۋاتقان ئەسنادا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «ئى زەكەرىييا! ساڭا خۇش خەۋەر: بىر ئوغۇل بالاڭ بولىدۇ، ئىسمى يەھيا بولىدۇ، مېنىڭ ‹بول› دېگەن سۆزۈم بىلەن دۇنياغا ئاتىسىز كېلىدىغان ۋە پەيغەمبەر بولىدىغان ئىيسانى تەستىقلايدۇ، ئېسىل، نومۇسچان ئادەم بولىدۇ، پەيغەمبەر بولىدۇ ۋە ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. بىز ئىلگىرى ھېچكىمنى يەھيا دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىمىغان». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا
    زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟» — مۇھەممەد سالىھ

    زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    زەكەرىييا: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىلىقنىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن تۇرسام!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (8-9) زەكەرىييا بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى ۋە: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟! مەن ياشىنىپ كەتكەن تۇرسام! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم تۇغماس تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ ئاللاھ ئېيتىدۇكى: ‹سەن ياشىنىپ كەتكەن ۋە ئايالىڭ تۇغماس بولسىمۇ ئىككىڭلاردىن ئۇ بالىنى تۈرەلدۈرۈش ماڭا ئاساندۇر. بۇنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلىمىغىن. مەن ئىلگىرى سېنى يوقتىن ياراتقان. مەن ئىلگىرى سېنى يوقتىن يارىشتىقا قادىر بولغاندەك، ئادەتتە بالىسى بولمايدىغان ھالەتتىكى ئىككىڭلاردىن ھازىر ئۇ بالىنى تۈرەلدۈرۈشكە ۋە دۇنياغا كەلتۈرۈپ ساڭا بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا
    (نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)» — مۇھەممەد سالىھ

    -نىدا قىلغان پەرىشتە- ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، رەببىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ دەيدۇكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان. مەن بۇندىن ئىلگىرى سېنى ياراتقان ئىدىم، سەن ھېچ نەرسە ئەمەس ئىدىڭ» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  10. قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
    زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى)، ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    زەكەرىيا ئېيتتى: «رەببىم! -ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا- ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ - شۇكى-؛ ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    زەكەرىييا: «ئۇنداق بولسا، ماڭا بىرەر ئالامەت قىلىپ بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ساق - سالامەت تۇرۇقلۇق ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئىنسانلارغا گەپ قىلالمايسەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    زەكەرىييا ئاللاھتىن بالىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بېشارەتنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ نۆۋەت ئۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتىنى بىلىش ئۈچۈن: «رەببىم! ئايالىمنىڭ ئۇ بالىغا قورساق كۆتۈرگەنلىكىگە بىرەر ئالامەت قىلىپ بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ - تىنىڭ، تىلىڭ ۋە باشقا سەزگۈ ئەزالىرىڭ ساق تۇرۇقلۇق ئىنسانلارغا ئۈچ كېچە - كۈندۈز گەپ قىلالمسلىقىڭدۇر. لېكىن بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە مەقسىتىڭنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايسەن. رەببىڭنى كۆپ زىكىر قىلغىن. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا ۋە ئاۋۋىلىدە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ أَنْ سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
    زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا ئىبادەتخانىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارغا: «چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن تەسبىھ ئېيتىڭلار» دەپ ئىشارەت قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    زەكەرىييا، ئايالىنىڭ بويىدا قالغانلىقىغا ئالامەت سۈپىتىدە تىلى تۇتۇلۇپ قالغان چاغدا نامازگاھىدىن چىقىپ قەۋمىگە: «كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىدە ۋە ئاخىرىدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار» دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. ئەسكەرتىش: زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى ساق تۇرۇقلۇق گەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىشى ئايالىنىڭ بويىدا قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى. ئۇ، بۇ ئالامەت مەيدانغا كەلگەندە رەببىنى كۆپ زىكىر قىلىشقا ۋە ئەتىگەن - كەچتە تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. دېمەككى، ئايالىنىڭ بويىدا قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى مەيدانغا كەلگەندە قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارغا ئۇنىڭ قەۋمىمۇ بۇيرۇلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. يَا يَحْيَىٰ خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْحُكْمَ صَبِيًّا
    (يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    -يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا-: «ئى يەھيا! كىتاب-تەۋرات-نى تىرىشىپ ئوقۇغىن» -دېدۇق-. ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئى يەھيا كىتابنى چىڭ تۇتقىن!». بىز ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى بەردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن يەھيا تۇغۇلدى، ئۆسۈپ ياخشى چوڭ بولدى. بىز ئۇنىڭغا: «ئى يەھيا! كىتابنى ئوبدان ئۆگەنگىن، توغرا چۈشەنگىن ۋە ئەھكاملىرىغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلغىن. بۇلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن تىرىشقىن» دېدۇق. ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا مەسىلىلەرنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئۇلار ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَحَنَانًا مِنْ لَدُنَّا وَزَكَاةً ۖ وَكَانَ تَقِيًّا
    بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى (ناچار خىسلەتلەردىن) پاك قىلىش يۈزىسىدىن (شۇنداق قىلدۇق)، يەھيا تەقۋادار ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى پاك قىلىش يۈزىسىدىن -شۇنداق قىلدۇق-، يەھيا تەقۋادار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز يەنە ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىمىزدىن شەپقەت تۇيغۇسى ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق. ئۇ تەقۋادار ئىدى، — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، ئۇنى ئۆز ئىلتىپاتىمىز بىلەن باشقىلارغا سۆيگۈ ۋە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزىنى ماددىي ۋە مەنىۋى كىرلەردىن پاك تۇتىدىغان بىرى قىلدۇق. ئۇ، بىزگە ئىتائەتچان ياخشى بەندە — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. وَبَرًّا بِوَالِدَيْهِ وَلَمْ يَكُنْ جَبَّارًا عَصِيًّا
    ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان (قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر (يەنى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان قىلدۇق، ئۇ مۇتەكەببىر، رەببىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغۇچى ئىدى. ئۇ ھېچقاچان قوپال ۋە ئاسىي بولمىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ۋە ئاتا - ئانىسىغا كۆيۈمچان ياخشى بالا ئىدى. ئۇ، ئىنسانلارغا شەپقەتسىز، رەببىگە ئىتائەتسىز بىرى ئەمەس ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. وَسَلَامٌ عَلَيْهِ يَوْمَ وُلِدَ وَيَوْمَ يَمُوتُ وَيَوْمَ يُبْعَثُ حَيًّا
    ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ قەبرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    تۇغۇلغان كۈنىدە، ئۆلىدىغان كۈنىدە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنىدە ئۇنىڭغا سالام بولسۇن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ، تۇغۇلغان كۈنىدىمۇ، ئۆلىدىغان كۈنىدىمۇ بىز تەرەپتىن تەبرىكلەندى ۋە شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندى ئۇ، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چېغىدىمۇ يەنە تەبرىكلىنىدۇ ۋە يامانلىقلاردىن ساقلىنىدۇ، شۇنداقلا نېمەت ۋە ئىنئاملارغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 2 ~ 15 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ، ياشىنىپ كەتكەن زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ تۇغماس ئايالىدىن يەھيا ئەلەيھىسسالامنى تۆرەلدۈرۈپ دۇنياغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 16 ~ 33 - ئايەتلەردە بولسا، زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان قىز مەريەمدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاتىسىز تۆرەلدۈرۈپ دۇنياغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، بۇ ئىككى ھادىسە بىر زاماندا، بىر ماكاندا ۋە بىر جەمەت ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككى مۆجىزە بولۇپ ئاللاھ تائالانىڭ كامالى قۇدرىتىنى ئەسلىتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھەر بىرىدە ئۆزىنىڭ ئىنسان يارىتىشتىكى قانۇنىنى بىكار قىلغان؛ بىرىدە ئادەتتە بالىسى بولمايدىغان ھالەتتىكى زەكەرىييا ۋە ئۇنىڭ تۇغماس ئايالىدىن يەھيا ئەلەيھىسسالامنى، يەنە بىرىدە ياتلىق بولمىغان، ئىپپەتلىك قىز مەريەمدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى تۆرەلدۈرگەن. بۇ ئىككى مۆجىزىنىڭ ھەر بىرى، ئاللاھ تائالا بېكىتىپ قويغان قانۇن بويىچە ھەر كۈنى تۇغۇلۇۋاتقان ئىنسانلارغا ۋە تەبىئەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتەلمەيۋاتقان غاپىللارنى سىلكىشلەيدۇ، ھوشىنى تېپىشقا ۋە ئۆزىنى تۈزىتىشكە ئۈندەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انْتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا
    (ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا قۇرئاندا مەريەم قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ كىتابتا مەريەمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتە بىر يەرگە كەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب - قۇرئاندا ئىمراننىڭ ئىپپەتلىك قىزى مەريەمنىڭ قىسسەسىنىمۇ بايان قىلغىن. ئۇ قىسسە مۇنداق: مەريەم ئۆز ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ۋە باشقا ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ ئىبادەتخانىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان بىر جايغا باردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. (19-سۈرە مەريەم، 17-ئايەت) پەرىشتىلەر ۋەھىي مەريەم
    فَاتَّخَذَتْ مِنْ دُونِهِمْ حِجَابًا فَأَرْسَلْنَا إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًا سَوِيًّا
    ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يۇشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىز-جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام-نى ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىلەن ئۆز ئارىسىغا پەردە تارتتى. ئۇ ئەسنادا بىز ئۇنىڭغا روھىمىزنى ئەۋەتتۇق. روھىمىز ئۇنىڭغا نورمال ئەر كىشى سۈرىتىدە كۆرۈندى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر پەردە تارتتى. ئۇ ئەسنادا بىز ئۇنىڭ يېنىغا پەرىشتە جىبرىئىلنى نورمال بىر ئادەم سۈرىتىدە ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (19-سۈرە مەريەم، 18-ئايەت) ئىپپەت ئاللاھتىن قورقۇش مەريەم
    قَالَتْ إِنِّي أَعُوذُ بِالرَّحْمَٰنِ مِنْكَ إِنْ كُنْتَ تَقِيًّا
    مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)» — مۇھەممەد سالىھ

    مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ ماڭا چېقىلمىغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەريەم: «مەن سەندىن رەھمانغا سېغىنىمەن. ئەگەر تەقۋادار بىرى بولساڭ، ماڭا چېقىلمغىن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ، ئادەتتىىكى بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىدىكى جىبرىئىلنى كۆرۈپ، ئۇنى يامان نىيەتلىك ئادەم دەپ ئويلىدى ۋە قورقتى، «سەندىن قېچىپ ئاللاھقا سېغىنىمەن، ئاللاھ مېنى ئۆز پاناھىغا ئېلىپ سېنىڭ يامانلىقىڭدىن ساقلىغاي! ئەگەر سەن «ئاللاھ» دېيىلسە ئەيمىنىدىغان، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقىدىغان پەرھىزكار بىرى بولساڭ، مېنىڭ ئاللاھقا سېغىنىشىمنى دىققەتكە ئېلىپ ماڭا يېقىنلاشمىغىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. قَالَ إِنَّمَا أَنَا رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَامًا زَكِيًّا
    جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن رەببىڭنىڭ ئەلچىسىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    روھىمىز: «مەن پەقەت رەببىڭنىڭ ئەلچىسىمەن. ساڭا پاك بىر ئوغۇل بالا ھەدىيە قىلاي دەپ كەلدىم» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    جىبرىئىل ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ: «مەن پەقەت سەن سېغىنغان رەببىڭ ئاللاھنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئاللاھ مېنى ساڭا پاك ۋە ياخشى بىر بالا بېرىشىم ئۈچۈن ئەۋەتتى. خاتىرجەم بول، مەندىن ساڭا يامانلىق كەلمەيدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (19-سۈرە مەريەم، 20-ئايەت) ئىپپەت مەريەم
    قَالَتْ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ وَلَمْ أَكُ بَغِيًّا
    مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟» — مۇھەممەد سالىھ

    مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەريەم: «مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا، مەن بۇزۇق بىرىمۇ بولمىسام!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەريەم جىبرىئىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ۋە: «مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولىدۇ! مەن بىلەن ھېچبىر ئادەمزاتى توي قىلىپ بىر يەردە بولمىغان تۇرسا، مەن ئىپپەتسىزلىك قىلمىغان تۇرسام"!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ ۖ وَلِنَجْعَلَهُ آيَةً لِلنَّاسِ وَرَحْمَةً مِنَّا ۚ وَكَانَ أَمْرًا مَقْضِيًّا
    جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، لېكىن رەببىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    روھىمىز: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ دەيدۇكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان. بىز ئۇنى ئىنسانلارغا قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت قىلىمىز. بۇ قارار قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر» دېدى[3].‏ — ئەنەس ئالىم

    جىبرىئىل «شۇنداق، سەن توي قىلمىدىڭ ۋە ئىپپىتىڭنى ساقلىدىڭ. رەببىڭ ئاللاھ ئېيتىدۇكى: ‹سەن توي قىلمىغان ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز تۇرۇقلۇق، ئۇ بالىنى سەندىن ئاتىسىز تۆرەلدۈرۈپ ساڭا بەخش ئېتىش ماڭا ئاسان. ئۇ بالىنىڭ بۇ شەكىلدە سەندىن تۇغۇلۇشى ئىنسانلارغا قۇدرىتىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، شۇنداقلا خالىغان نەرسىمىزنى خالىغىنىمىز بويىچە يارىتىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان ئالامەت بولىدۇ. كەلگۈسىدە پەيغەمبەر، شۇنداقلا ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە بىز تەرەپتىن رەھمەت بولىدۇ. ئۇنى سەندىن ئاتىسىز تۈرەلدۈرۈپ دۇنياغا كەلتۈرۈش بەلگىلىنىپ بولغان ئىشتۇر›» ئەسكەرتىش: ھەر پەيغەمبەر ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلىش ئېتىبارى بىلەن ئومۇمىي رەھمەت بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئىشىنىپ ئەگەشكەنلەرگىلا رەھمەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. فَحَمَلَتْهُ فَانْتَبَذَتْ بِهِ مَكَانًا قَصِيًّا
    مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مەريەم ھامىلدار بولدى، ئائىلىسىدىن يىراق بىر جايغا كەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن مەريەم ھامىلىدار بولدى ۋە بۇ ھالى بىلەن يىراق بىر يەرگە كەتتى، — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن جىبرىئىل مەريەمنىڭ ئىچىگە پۈۋلىدى، مەريەم ئۇ بالىغا قورساق كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن چارىسىز قالدى ۋە ئىنسانلارغا نېمە دەپ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي ھېچكىم كۆرمەيدىغان يىراق بىر جايغا باردى. ئەسكەرتىش: مەريەم، ئاللاھ تائالا پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق بېشارەت بەرگەن بالىغا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر قىلىشى بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ، (كۆڭلىكىنىڭ يېڭىدىن ياكى ياقىسىدىن) ئىچىگە پۈۋلىشى ۋە ئۇ پۈۋلەشنىڭ تەسىرىنىڭ بالىياتقۇسىغا بېرىشى بىلەن ھامىلىدار بولغان. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتتە مەريەمنىڭ ئىچىگە پۈۋلىگەنلىكىنى، يەنە بىر ئايەتتە مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىغا پۈۋلىگەنلىكىنى ۋە پۈۋلەشنىڭ جىبرىئىل ئارقىلىق ئەمەلىيشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بىرىدە ئالماشنىڭ مۇئەننەس، يەنە بىرىدە مۇزەككەر كېلىشىنىڭ سەۋەبى مانا بۇدۇر، چۈنكى «مەريەم» كەلىمىسى مۇئەننەس، «فەرج» كەلمىسى مۇزەككەردۇر. بۇ ئالماشلارنىڭ پەرقلىق كېلىشىگە قاراپ مەريەمنىڭ قوش جىنسلىق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنمەسلىك بىلەن بىرلىكتە، ئەرەبچە تىل قائىدىسىنىمۇ بىلمىگەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھ بەزىدە يوقتىن يارىتىدۇ، بەزىدە ئاتا - ئانىدىن تۆرەلدۈرۈپ يارىتىدۇ، بەزىدە ئاتىسىز يارىتىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ئاسان - تەس دەپ بىر نەرسە يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەريەمنىڭ قىز يەنى جىنسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ۋە مەريەمنىڭ ئانىسى بىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ھەم ئاللاھ، ھەمدە مەريەمنىڭ ئانىسى مەريەمنى «قىز» دەپ ئىپادىلەيدۇ. يەنە كېلىپ بىر ئىنساننىڭ يا تولۇق ئەر ياكى تولۇق ئايال بولماي، «قوش جىنسلىق» بولۇشى نۇقسانلىقتۇر. ئەگەر مەريەم قوش جىنسلىق بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئىيسانى تۆرەلدۈرۈش ئادەتتە بالا تۆرەلدۈرۈشتىن پەرقى بولمايدۇ، شۇنداقلا مۆجىزە بولمايدۇ ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش ئەھۋالىنىڭ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش ئەھۋالىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى «بول» دېگەن سۆزى بىلەن توپىدىن ھەم ئاتىسىز ھەم ئانىسىز ياراتقان. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى بولسا، «بول» دېگەن سۆزى بىلەن مەريەمدىن ئاتىسىز ياراتقان. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاللاھنىڭ كەلىمىسى» دەپ ئاتىلىشىمۇ مانا بۇ سەۋەبتىندۇر. بۇنىڭغا ئەقىل يۈگۈرتۈش ئەمەس، ئەكسىچە ئىمان كەلتۈرۈش لازىم، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. فَأَجَاءَهَا الْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ النَّخْلَةِ قَالَتْ يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَٰذَا وَكُنْتُ نَسْيًا مَنْسِيًّا
    تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!» — مۇھەممەد سالىھ

    تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن تولغاق تۇتۇپ بىر خورما دەرىخىنىڭ ئاستىغا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى، «كاشكى بۇ ئىش بېشىمغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەريەمنى ئۇ يەردە تولغاق تۇتتى ۋە، تۇغۇتنىڭ دەرد - ئەلەملىرى بىلەن شۇ ئەتراپتا بولغان بىر خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كەلدى، شۇ يەردە تۇغدى ۋە: قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ: «كاشكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ، ھېچكىم بىلمەيدىغان، ھېچكىم تىلىغا ئالمايدىغان ئەرزىمەس بىرەر نەرسە بولسامچۇ!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. فَنَادَاهَا مِنْ تَحْتِهَا أَلَّا تَحْزَنِي قَدْ جَعَلَ رَبُّكِ تَحْتَكِ سَرِيًّا
    جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، رەببىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن ئېقىپ تۇرىدىغان بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئەسنادا تۆۋەن تەرىپىدىن ئۇنىڭغا مۇنداق ئاۋاز كەلدى: «قايغۇرمىغىن! رەببىڭ سەن ئۈچۈن ئاياغلىرىڭنىڭ ئاستىدىن ئېرىق پەيدا قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئەسنادا تۆۋەن تەرىپىدىن ئۇنىڭغا جىبرىئىل مۇنداق نىدا قىلدى: «قايغۇرمىغىن! رەببىڭ سەن ئۈچۈن ئاياغلىرىڭنىڭ ئاستىدىن ئېرىق پەيدا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَهُزِّي إِلَيْكِ بِجِذْعِ النَّخْلَةِ تُسَاقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًا جَنِيًّا
    خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ خورما دەرىخىنى ئىرغىتقىن، پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ خورما دەرىخىنى ئۆزۈڭ تەرەپكە ئىرغىتقىن، پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (19-سۈرە مەريەم، 26-ئايەت) زىكىر نەزىر ئاللاھقا ئىتائەت
    فَكُلِي وَاشْرَبِي وَقَرِّي عَيْنًا ۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ الْبَشَرِ أَحَدًا فَقُولِي إِنِّي نَذَرْتُ لِلرَّحْمَٰنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ الْيَوْمَ إِنْسِيًّا
    (بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن» — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شېرىن خورمىدىن يېگىن، بۇ تاتلىق سۇدىن ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا: مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېگىن، ئىچكىن، كۆزلىرىڭ چاقنىسۇن[4]. بىرەر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالساڭ: ‹مەن رەھمانغا بىر مۇددەت گەپ قىلماسلىققا ۋەدە بەردىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن› دېگىن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ خورمىلاردىن يېگىن، ئېرىقنىڭ سۈيىدىن ئىچكىن، كۆزلىرىڭ چاقنىسۇن؛ بالاڭغا قاراپ خۇشاللىقتىن يايرىغىن، سۆيۈنگىن.. بىرەر ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالساڭ: ‹مەن بىر مۇددەت گەپ قىلماسلىق توغرىسىدا رەھمان تائالاغا ۋەدە بەرگەن ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن› دېگىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. فَأَتَتْ بِهِ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُ ۖ قَالُوا يَا مَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْئًا فَرِيًّا
    مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    مەريەم بوۋاق-ئىسا ئەلەيھىسسالام-نى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن مەريەم بالىسىنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ!‏ — ئەنەس ئالىم

    مەريەم بالىسىنى تۇغقاندىن كېيىن، جىبرىئىلنىڭ تەسەللىي بېرىشى، ئۆزىنىڭ خورمىلاردىن يېيىشى ۋە سۇدىن ئىچىشى بىلەن ئەسلىگە كەلدى. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بالىسىنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلدى. قەۋمى مەريەمنى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە مۇنداق دېدى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ، يامان ئىش قىلدىڭ، قورقۇنچلۇق ئىش قىلدىڭ! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. يَا أُخْتَ هَارُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ امْرَأَ سَوْءٍ وَمَا كَانَتْ أُمُّكِ بَغِيًّا
    ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى» — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ بۇزۇق ئايال ئەمەس ئىدى».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى تەقۋادار ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭ بوزۇق خوتۇن ئەمەس ئىدى. سەن شۇنداق پاكىز ۋە ئېسىل ئائىلىنىڭ قىزىسەن، بۇ ئىشنى قانداقمۇ قىلغانسەن؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. فَأَشَارَتْ إِلَيْهِ ۖ قَالُوا كَيْفَ نُكَلِّمُ مَنْ كَانَ فِي الْمَهْدِ صَبِيًّا
    مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاق بىلەن قانداق گەپلىشىمىز؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەريەم بالىغا ئىشارەت قىلدى[5]. ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاق بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشىمىز؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەريەم ئۇلارنىڭ بۇ ئەيىبلەش ۋە كايىشلىرىنى ئاڭلاپ، «سۆزۈڭلار بولسا بۇنىڭغا ئېيتىڭلار ھەقىقەتنى دەپ بېرىدۇ» دېگەن مەنىدە قۇچىقىدىكى بالىسىغا ئىشارەت قىلدى. ئۇلار مەسخىرە قىلىشقان ھالدا ئېيتتى: «بىز زاكىدىكى بوۋاق بىلەن قانداقمۇ گەپلىشىمىز؟! قۇچاقتىكى يېڭى تۇغۇلغان بالا بىلەن قانداق سۆزلىشىمىز؟! ئادەتتە بۆشۈككە بۆلەپ تەۋرىتىلىدىغان كىچىك بالا بىلەن گەپلىشىپ چۈشىنىدىشىدىغان ئىش بولمىسا، بىز بۇنىڭغا قايسى شەكىلدە گەپ قىلىمىز، ئۇ بىزگە قايسى شەكىلدە جاۋاب بېرىدۇ؟! بىز بۇنىڭ بىلەن قانداق چۈشىنىشىمىز؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. قَالَ إِنِّي عَبْدُ اللَّهِ آتَانِيَ الْكِتَابَ وَجَعَلَنِي نَبِيًّا
    بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بوۋاق ئېيتتى: «مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى. ئاللاھ ماڭا كىتابنى بەردى، مېنى نەبىي قىلدى،‏ — ئەنەس ئالىم

    مانا بۇ ئەسنادا مەريەمنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاق ئىيسا ئاللاھنىڭ سۆزلىتىشى بىلەن مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇرمەن. ئاللاھ كەلگۈسىدە ماڭا ئىنجىلنى بېرىدۇ، مېنى پەيغەمبەر قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا تېخى بوۋاق چېغىدا مۆجىزىلىك ھالدا ئېيتقان سۆزىنى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇرمەن. ئاللاھ ماڭا كىتابنى - ئىنجىلنى بېرىدۇ ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلىدۇ» دەپ باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىيسانىڭ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، شۇڭلاشقا ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار، مانا بۇ توغرا يولدۇر» دېگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەرگەن. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلغا «ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، شۇڭلاشقا ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار، مانا بۇ، توغرا يولدۇر» دەپ، ئۆزىنىڭ «ئاللاھنىڭ بەندىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. ئىيسا ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كۆز ئېچىپ تۇنجى قېتىم قىلغان سۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ قىسمىنى ۋە كېيىن ئۇنىڭ ئەينەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەردە، خىرىستىيانلارنىڭ : «ئىيسا ئاللاھتۇر، ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر، ئىيسا ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئىلاھتۇر» دېگەن دەۋالىرىگە ناھايىتى كۈچلۈك رەددىيە بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (19-سۈرە مەريەم، 31-ئايەت) پەرز ناماز زاكات ئەيسا
    وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنْتُ وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا
    قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مېنى قەيەردە بولسام ئىنسانلارغا پايدىلىق بىرى قىلدى، ھاياتلا بولسام نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇدى،‏ — ئەنەس ئالىم

    مېنى قەيەردە بولسام ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بىرى قىلىدۇ. مېنى ھاياتلا بولسام نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. وَبَرًّا بِوَالِدَتِي وَلَمْ يَجْعَلْنِي جَبَّارًا شَقِيًّا
    مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى بەدبەخ مۇتەكەببىر قىلمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئانامغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى، مېنى قوپال ۋە بەختسىز بىرى قىلمىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، مېنى ئانامغا ياخشىلىق قىلىدىغان بالا قىلىدۇ. مېنى باشقىلارغا ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ۋە زوراۋانلىق قىلىدىغان، يامان ئىشلارنى قىلىپ بەختسىز بولىدىغان بىرى قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. وَالسَّلَامُ عَلَيَّ يَوْمَ وُلِدْتُ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا
    مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە ئامانلىققا ئېرىشىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ئۆلىدىغان كۈنۈمدە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنۈمدە ماڭا سالام بولسۇن».‏ — ئەنەس ئالىم

    مەن، تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئاللاھنىڭ تەبرىكلىشى ۋە يامانلىقلاردىن ساقلىشىغا ئېرىشتىم ئۆلىدىغان كۈنۈمدىمۇ، قىيامەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنۈمدىمۇ ئېرىشىمەن، يەنى ئاللاھ مېنى تۇغۇلغان كۈنۈمدە تەبرىكلىدى، سالام يوللىدى ۋە يامانلىقلاردىن ساقلىدى، ئۆلىدىغان كۈنۈمدىمۇ، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چېغىمدىمۇ يەنە شۇنداق قىلىدۇ - مېنى تەبرىكلەيدۇ، يامانلىقلاردىن ساقلايدۇ». ئەسكەرتىش: ئىيسا ئەلەيھىسسالام بوۋاق چېغىدا ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىتىشى بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىدە ئىپادىلىگەن ئىشلار، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، كېيىن ئەمەلگە ئاشىدىغان، لېكىن ئەمەلگە ئېشىشى قەتئىي بولغان ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن زامان پېئىلى بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ خىل ئىپادە قۇرئان كەرىمدە كۆپ ئۆتىدۇ. ئاللاھ تائالا 16 ~ 33 - ئايەتلەردە ھەزرىتى مەريەمنىڭ، ئىبادەتخانىنىڭ شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىدىن يىراق بولغان بىر جايغا بېرىپ، ئۇ جايدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزىلىك بىر شەكىلدە قورساق كۆتۈرۈشىدىن تارتىپ، ئۇنى تۇغۇپ قەۋمىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىشى ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھالىتىدە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن گەپ قىلىشىغا قەدەر بولغان جەرياننى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ چاغدا قىلغان سۆزلىرىنى بايان قىلىدۇ. 34 ~ 40 - ئايەتلەردە بولسا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنە شۇ قىسسەسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقىقەتكە قارىماي ئۇنىڭ ھەققىدە تۈرلۈك ناشايان سۆزلەرنى قىلىشقان ۋە باتىل ئېتىقادلاردا بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. ذَٰلِكَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قَوْلَ الْحَقِّ الَّذِي فِيهِ يَمْتَرُونَ
    ئەنە شۇ ئىيسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىيسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇ ئىسا ئىبىن مەريەمنىڭ قىسسىسىدۇر. ئىسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ، مەريەم ئوغلى ئىيسادۇر، ئۇلار دەتالاش قىلىشقان مەسىلە توغرىسىدىكى ھەق سۆزدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ ئايەتلەردە تونۇتۇلغان كىشى ئىيسادۇر. ئۇنىڭ توغرىسىدا بىز ساڭا ئېيتقان سۆز ھەق ۋە راستتۇركى، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئۇنىڭ ھەققىدە ھەر تۈرلۈك شۈبھە قىلىۋاتىدۇ، ھەر تۈرلۈك ناشايان سۆزلەرنى قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۆزئارا دەتالاش قىلىۋاتىدۇ؛ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئاتىسىز تۇغۇلغانلىقىدىن شۈبھە قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا بوھتان چاپلاۋاتىدۇ. ناسارالار ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، ئۇنى «ئاللاھنىڭ ئوغلى، ئاللاھنىڭ ئۆزى، ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئىلاھ» دەۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. مَا كَانَ لِلَّهِ أَنْ يَتَّخِذَ مِنْ وَلَدٍ ۖ سُبْحَانَهُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
    «ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شېرىكتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    «ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ بالىدىن، شېرىكتىن پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بالىسى بولۇش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئاللاھ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: «بول» دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بالىسى بولۇش ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەرگىزمۇ لايىق بولمايدۇ. بۇ، ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، مەنتىقكە سىغمايدۇ. چۈنكى بالىلىق بولۇش جانلىق مەخلۇقاتلارغا خاس ئىش بولۇپ، ئەركەك بولسا جۈپتى، چىشى بولسا ئۆزى ھامىلىدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى، شۇنداقلا بۇلار ئۈچۈن مەلۇم جەرياننىڭ ئۆتۈشى لازىم بولىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا زات، سۈپەت ۋە پېئىل جەھەتتە ھېچ نەرسىگە ئوخشىمىغانلىقى، ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى بولمىغانلىقى، ھەر نەرسىنىڭ رەببى (ياراتقۇچىسى، مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى) بولغانلىقى ئۈچۈن رەپىقىسى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. ئاللاھ بىرەر نەرسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى پەقەت «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھ «بول» دېدىمۇ ئۇ نەرسە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا مەخلۇقاتلارغا، جۈملىدىن ئىنسانلارغا لازىم بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھايات چېغىدا ياردەمگە، ئۆلگىنىدىن كېيىن نەسلىنىڭ داۋاملىشىشىغا موھتاج بولىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغانلىقى، مەڭگۈ تىرىك بولغانلىقى، ئۆزى ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان، ھەممە نەرسىنىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان ۋە بارلىق ئېھتىياجلارنى قامدايدىغان، قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز ۋە كائىناتتىكى ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە، جۈملىدىن بالىغا ئەسلا موھتاج بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالاغا ھەرگىزمۇ بالا لازىم بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. وَإِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
    ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئاللاھ مېنىڭ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىيسا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا بوۋاق ھالىتىدە بەنى ئىسرائىلغا مۇنۇ سۆزنىمۇ ئېيتقان: «ئى قەۋم! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر؛ مەن ۋە سىلەر ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇرمىز. ئۇنداقتا ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار؛ ئاللاھقا ھېچكىمنى ۋە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار. مانا بۇ، بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يېگانە توغرا يولدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ مَشْهَدِ يَوْمٍ عَظِيمٍ
    ئىيسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ئىسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەقىقەت شۇنداق تۇرۇقلۇق، گۇرۇھلار ئىيسا توغرىسىدا ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى. ۋاي ئۇ كافىرلارنىڭ ھالىغا! ئۇلار بۈيۈك كۈندە كۆرگۈلىكىنى كۆرىدۇ!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىيسا بۇ سۆزنى كىچىكىدە بوۋاق چېغىدىمۇ، چوڭ بولغاندا پەيغەمبەر بولغاندىمۇ بەنى ئىسرائىلغا ئېيتقان بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار ئىيسا توغرىسىدا ئۆزئارا گۇرۇھلارغا ئايرىلدى؛ بىر گۇرۇھ: «ۋەلىدىزىنا»، بىر گۇرۇھ: «ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى، يەنە بىر گۇرۇھ: «ئاللاھ» دېدى. يەنە بىر گۇرۇھ بولسا، «ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئىلاھ» دېدى. ئۇ كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَٰكِنِ الظَّالِمُونَ الْيَوْمَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن قىيامەت كۈنىدە قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن روشەن گۇمراھلىقتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىدىغان كۈنى بەك ئاڭلايدىغان ۋە بەك كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن زالىملار بۈگۈن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەن چېغىدا ھەقىقەتنى ناھايىتى ئوبدان ئاڭلايدۇ، ناھايىتى ئوبدان كۆرىدۇ. لېكىن زالىملار، جۈملىدىن بۇ كافىرلار بۈگۈن بۇ دۇنيادا ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىگە چۆمۈپ كەتكەن بولۇپ ھەقىقەتنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ، كۆرمەيۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ھەسرەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ئۇلارنى، ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنغاندا ھەركىم ھەسرەت چېكىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن. چۈنكى ئۇلار تېخىچە غەپلەت ئىچىدە يۈرۈۋاتىدۇ، تېخىچە ئىمان ئېيتمايۋاتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنى، خۇسۇسەن ئۇ كافىرلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ، ھېساب - كىتاب تۈگىگەن ۋە ھەر كىشى لايىق بولغان يېرىگە ماڭغان چاغدا ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغانلىقىغا ھەسرەت - نادامەت چېكىدىغان كۈندۇر. يامان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق دەھشەتلىك كۈن تۇرۇقلۇق، ئۇلار بۈگۈن بىپەرۋالىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ كۈننىڭ دەھشەت ۋە قورقۇنچلىرىنى ئويلىمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈ كۈنگە ۋە ئۇ كۈندە بولىدىغان ئىشلارغا ئىشەنمەيۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. إِنَّا نَحْنُ نَرِثُ الْأَرْضَ وَمَنْ عَلَيْهَا وَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
    زېمىنغا ۋە زېمىن ئۈستىدىكى بارچىگە چوقۇم بىز ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىنغا ۋە زېمىن ئۈستىدىكى بارچىگە چوقۇم بىز ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار ھېساب بېرىش ئۈچۈن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز زېمىنغا ۋە زېمىندىكىلەرگە ۋارىس بولىمىز، پۈتكۈل ئىنسانلار ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنكارچىلارنىڭ ئىنكارىغا قايغۇرمىغىن، خاپا بولمىغىن. يېقىندا شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى زېمىنغا ۋە زېمىندىكى كىشىلەرگە بىزلا ئىگە بولىمىز، چۈنكى زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ جىمىسى ئۆلىدۇ، زېمىنغا بىزدىن باشقا ئىگە بولىدىغان ھېكىم قالمايدۇ. ئاندىن ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ، قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ ۋە ھېساب نەتىجىسىدە ھەر كىشى لايىق بولغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ياخشىلار جەننەتكە، يامانلار دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا 16 ~ 40 - ئايەتلەردە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىش جەريانىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بەندىلىرىدىن بىر بەندە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنغان مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 41 ~ 50 - ئايەتلەردە بولسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ شېرىككە قارشى قىلغان كۈرەشلىرىدىن بىر پارچە بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، لېكىن بۇتقا چوقۇنىدىغان مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. دېمەككى، شەخسكە چوقۇنۇش بىلەن شەيئىگە چوقۇنۇش ئوخشاشلا ئازغۇنلۇق بولۇپ، بۇ ئازغۇنلۇقتىن تەۋبە قىلىپ تەۋھىدكە قايتمىغانلار مەڭگۈ ئازابقا مەھكۇم بولىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِبْرَاهِيمَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
    (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىبراھىم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىبراھىم قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ كىتابتا ئىبراھىمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب - قۇرئاندا ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن بۇ مۇشرىكلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن: شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم راستچىل كىشى ئىدى، پەيغەمبەر ئىدى. ئەسكەرتىش: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام راستچىل يەنى سۆزى ۋە ھەرىكىتى بىر، سەمىمىي بەندە بولغانلىقى ئۈچۈن ئوتقا تاشلانسىمۇ سەۋر قىلغان، دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان، ئاللاھ تائالاغا بەرگەن سۆزىنى تۇتۇپ، ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغان، ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش سىنىقىدىن لايىق رەۋىشتە ئۆتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِي عَنْكَ شَيْئًا
    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «جېنىم ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ھېچبىر ئىشىڭغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ، ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسى ئازەرگە، ئۇنى مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن تەۋھىدكە دەۋەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى دادىكا! سىز چاقىرسىڭىز ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمايدىغان، ئالدىدا تۇرسىڭىز سىزنى كۆرمەيدىغان ۋە سىزنىڭ ھېچقانداق ئىشىڭىزغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە نېمىشقا چوقۇنىسىز؟، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. يَا أَبَتِ إِنِّي قَدْ جَاءَنِي مِنَ الْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَاتَّبِعْنِي أَهْدِكَ صِرَاطًا سَوِيًّا
    ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    جېنىم ئاتا! ماڭا، ساڭا كەلمىگەن ئىلىم كەلدى. ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلاي.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى دادىكا! ماڭا رەببىم ئاللاھ تەرىپىدىن، سىزگە كەلمىگەن ئىلىم كەلدى؛ ئاللاھ ماڭا سىزگە ئۆگەتمىگەن ئىلىملەرنى ئۆگەتتى. ئۇنداقتا، سىز ماڭا ئەگىشىڭ؛ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىڭ، شېرىكتىن يېنىپ تەۋھىدكە كېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، مەن سىزنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولغا يېتەكلەيمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. يَا أَبَتِ لَا تَعْبُدِ الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ كَانَ لِلرَّحْمَٰنِ عَصِيًّا
    ئى ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    جېنىم ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن. چۈنكى شەيتان رەھمانغا ئاسىيلىق قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى دادىكا! سىز بۇتلارغا چوقۇنۇش بىلەن ئەسلىدە شەيتانغا چوقۇنۇۋاتىسىز، ئۇنداق قىلماڭ. شەيتان رەھمان تائالاغا ئىتائەتسىزلىك ۋە مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. يَا أَبَتِ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يَمَسَّكَ عَذَابٌ مِنَ الرَّحْمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَانِ وَلِيًّا
    ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    جېنىم ئاتا! مەن بېشىڭغا رەھمان تەرىپىدىن ئازاب كېلىپ شەيتاننىڭ ۋەلىيسى بولۇپ قېلىشىڭدىن قورقۇۋاتىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى دادىكا! شېرىكتىن تەۋبە قىلمىسىڭىز، شۇنچە مەرھەمەتلىك ئاللاھ سىزنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز دوزاختا شەيتانغا ھەمراھ بولسىز. مەن سىزنىڭ بۇ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىڭىزدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. (19-سۈرە مەريەم، 46-ئايەت) سەۋر ئىبراھىم ئىمان سىناقلىرى
    قَالَ أَرَاغِبٌ أَنْتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا
    ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن؟ ئەگەر سەن -مۇنداق قىلىشتىن- يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتىسى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارغا تىل ئۇزارتىشتىن ۋاز كەچمىسەڭ، بىلىپ قويغىنكى، سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. يوقال، سېنى ئۇزۇنغىچە كۆزۈم كۆرمىسۇن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىمنىڭ بۇ ئەيىبلەش، تەۋھىدكە چاقىرىش ۋە شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسۇشلىرىنى ئاڭلىغان ئاتىسىنىڭ قاتتىق ئوغىسى قاينىدى ۋە ئىبراھىمنى تەھدىت قىلىپ: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمسەن؟ ناۋادا ئىلاھلىرىمغا تىل ئۇزارتىشتىن ۋە ئۇلارغا چوقۇنۇشنى ئەيىبلەشتىن توختىمىساڭ، سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. يوقال كۆزۈمدىن، مېنى بىئارام قىلما! سېنى ئۇزۇنغىچە كۆزۈم كۆرمىسۇن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. قَالَ سَلَامٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّي ۖ إِنَّهُ كَانَ بِي حَفِيًّا
    ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، رەببىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «خوش ئەمىسە ئاتا! سەن ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ماڭا بەك مەرھەمەتلىكتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ بۇ تەھدىتى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئالىيجانابلىقىنى بۇزماستىن ئۇنىڭ بىلەن مۇنداق دەپ خوشلاشتى: «خوش ئەمىسە ئاتا! مەن سىز ئۈچۈن رەببىم ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىمەن. شۈبھىسىزكى، رەببىم ئاللاھ ھازىرغىچە ماڭا ئىلتىپات ۋە مېھرىبانلىق قىلىپ كەلدى. بۇ نۆۋەتمۇ سىز ئۈچۈن قىلغان دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ سىزنى تەۋھىدكە مۇيەسسەر قىلىشىنى، شۇنداقلا گۇناھلىرىڭىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئاتىسىغا (ئازەرگە) ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش توغرىسىدا ۋەدە قىلغانلىقىنى، باشقا بىر ئايەتتە ئۇنىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ ئاتىسىغا مەغپىرەت تىلىگەنلىكىنى. يەنە باشقا بىر ئايەتتە ئۇ ئاتىسىنىڭ ئاللاھ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن (ئۇنىڭ شېرىك ئېتىقادى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن) ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، كەئبىنى بىنا قىلىپ بولغان، ئىسمائىل ۋە ئىسھاق دېگەن بالىلىرى دۇنياغا كېلىپ بولغان ۋە ئۆزى ياشىنىپ قالغان چاغدا ئاتا - ئانىسىغا مەغپىرەت تىلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنىڭ تەپسىرىىدە مەلۇمات بېرىلدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (19-سۈرە مەريەم، 48-ئايەت) ئاللاھقا ئىشىنىش دۇئا ئىبراھىم
    وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَأَدْعُو رَبِّي عَسَىٰ أَلَّا أَكُونَ بِدُعَاءِ رَبِّي شَقِيًّا
    سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، رەببىمغا ئىبادەت قىلىمەن، رەببىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلىمەن. رەببىمگە دۇئا قىلىمەن. ئۈمىد قىلىمەنكى، رەببىمگە دۇئا قىلىش بىلەن بەختسىز بولمىغايمەن[6]».‏ — ئەنەس ئالىم

    مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يېلىنىپ يالۋۇرۇۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن يىراقلىشىمەن. رەببىم ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرۇشنى (چوقۇنۇشنى) داۋاملاشتۇرىمەن. رەببىم ماڭا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلىپ ئىلتىپات قىلغاي، ئۈمىدىمنى يەردە قويمىغاي!» — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (19-سۈرە مەريەم، 49-ئايەت) ئىبراھىم
    فَلَمَّا اعْتَزَلَهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا نَبِيًّا
    ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشتى، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشتى، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئۇلاردىن ۋە ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلدى، بىز ئۇنىڭغا ئىسھاق بىلەن يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق ۋە ھەر بىرىنى نەبىي قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «ئىبراھىم ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا بالىسى بولۇشتىن ھېچ ئۈمىدى يوق ھالىتىدە ئىسھاقنى ۋە ئىسھاقتىن بولغان نەۋرىسى يەئقۇبنى بەخش ئەتتۇق. چۈنكى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئايالى - ھەر ئىككىسى ياشىنىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى تۇغماس ئىدى. بىز ئىسھاق بىلەن يەئقۇبنى پەيغەمبەر قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. وَوَهَبْنَا لَهُمْ مِنْ رَحْمَتِنَا وَجَعَلْنَا لَهُمْ لِسَانَ صِدْقٍ عَلِيًّا
    ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلدۇق. ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبقا ئۆز ئىلتىپاتىمىز بىلەن پەيغەمبەرلىكتىن باشقىمۇ نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق؛ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارنىڭ نەسلىدىن تاللاپ ئەۋەتتۇق. ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن كېيىنكى نەسىللەر ئىچىدە ياخشى نام قالدۇردۇق. ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا بىر يېرىدىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، قەۋمىگە ئىبراھىمنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇ يەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئاتىسىنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشىنى ئەيىبلەپ، ئۇلاردىن سوئال سورىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋاب بەرگەنلىكى، ئۆزىنىڭ بۇتلاردىن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقىلا چوقۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئاخىرىدا ئۇلارغا ئاللاھنى ئەسلەتكەنلىكى ۋە تونۇتقانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇ ئايەتلەردە ئۆتكەن سوئال - جاۋابلار تۆۋەندىكىچە: ئىبراھىم - چوقۇنۇشقا لايىق بولمايدىغان قانداق نەرسىلەرگە چوقۇنۇۋاىسىلەر؟ ئاتىسى ۋە قەۋمى - بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىمىز ۋە بۇ چوقۇنىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىبراھىم - دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار ئاۋازىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟ ياكى سىلەرگە، ئىتائەت قىلساڭلار پايدا، ئاسىيلىق قىلساڭلار زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟ ئاتىسى ۋە قەۋمى - ياق، ھېچبىرىنى قىلالمايدۇ. لېكىن ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنغان ئىكەن، بىز ئۇ ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا ئەگەشتۇق. ئىبراھىم - چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلارنىڭ چوقۇنۇشقا لايىق بولۇپ بولمىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارچۇ؟ ئۇلارمۇ ئويلىنىپ بېقىپتىكەنمۇ؟ سىلەر ياكى ئۇلار بۇ ھەقتە ئويلانغان بولساڭلار، ئۇ بۇتلارنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىڭلارنىڭ گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولاتتىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ئىلاھلىرىڭلار مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر. مەن ئۇلارغا ھەرگىزمۇ چوقۇنمايمەن. مەن ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ھىمايە قىلغۇچىسى بولغان ئاللاھقا چوقۇنىمەن........ ئەسكەرتىش: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىكلارغا ۋە شېرىككە قارشى يۈرۈتكەن كۈرەشلىرى، قەۋمىنىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇنى ئوتقا تاشلىشى، ئاللاھنىڭ ئونى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ماددىي ۋە مەنىۋى ئىنئاملارنى ئاتا قىلىشى يەنە باشقا ئايەتلەردىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. دېمەككى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام باتىلغا قارشى ھەر خىل ئۇسلۇب بىلەن ھەر پۇرسەتتە توختاۋسىز كۈرەش قىلغان، تەھدىتلەرگە پەرۋا قىلمىغان، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن چۈشىنىۋېلىش كېرەككى، ھەق ئۈستىدە بولغانلارنىڭ، شارائىت قايسى شەكىلدە كۈرەش قىلىشقا ئۇيغۇن بولسا، شۇ شەكىلدە كۈرەش قىلىشى كېرەك. نۇسرەتكە ئېرىشىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن كۈرەشنى ئاداققىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، ئاللاھ تائالا 49 - ۋە 50 - ئايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى بەخش ئەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۈچىلىسگە ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ياخشىلىقلار بەخش ئەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 51 ~ 63 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بولغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى قىسقىلا زىكىر قىلىپ، ئۇلارغا بەخش ئەتكەن ياخشىلىقلارنىڭ بېرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَىٰ ۚ إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
    كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    كىتاب-قۇرئان-دا مۇسا -قىسىسى-نى بايان قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ كىتابتا مۇسانىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ تاللانغان بىرى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى[7].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب - قۇرئاندا مۇسانىڭمۇ قىسسەسىنى بايان قىلغىن: شۈبھىسىزكى، ئۇ مېنىڭ ئەلچىم بولۇشى ئۈچۈن ۋە مېنىڭ سۆزلىشىشىم ئۈچۈن تاللانغان بەندەم ئىدى. رەسۇل ئىدى، نەبى ئىدى. «رەسۇل» ۋە «نەبىي» - ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر قىلغان كىشىنىڭ پەرقلىق ئىككى سۈپىتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. (19-سۈرە مەريەم، 52-ئايەت) مۇسا ۋەھىي
    وَنَادَيْنَاهُ مِنْ جَانِبِ الطُّورِ الْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَاهُ نَجِيًّا
    ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن (دەرگاھىمىزغا) يېقىنلاشتۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن - دەرگاھىمىزغا- يېقىنلاشتۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى سىردىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مەديەندىن مىسىرغا قاراپ كېتىۋاتقاندا بىز ئۇنى تۇر تېغى تەرەپكە ئېلىپ كېلىپ نىدا قىلغان ئىدۇق. ئۇ، نىدايىمىزنى تۇر تېغىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان يېرىدە ئاڭلىغان ئىدى. بىز ئۇنى ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇردۇق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا گەپلەشتۇق. مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كېچىكىدە ئۆز ۋاقتىدىكى مىسىر دىكتاتورى فىرئەۋن بېقىپ چوڭ قىلغان. ئۇ، مىسىردا سەۋەنلىك بىلەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىق ئۈچۈن قېچىپ مەديەنگە پاناھلانغان. مەديەندە ئۆيلەنگەن ۋە بىرقانچە يىل تۇرغان. ئايالىنى ئېلىپ مەديەندىن مىىسرغا كېتىۋاتقاندا كېچىسى يىراقتا بىر ئوت كۆرگەن ۋە شۇ ئوتنىڭ يېنىدا يول كۆرسىتىدىغان بىرەر ئادەم ئۇچرىتىشنى ياكى ئوتتىن بىرەر پارچە ئېلىپ كېلىپ ئايالى بىلەن ئىسسىنىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارغان. شۇ يەردە ئاللاھ ئۇنىڭغا گەپ قىلغان، ئۇ ئاللاھقا گەپ قىلغان. بۇ جەرياننىڭ تەپسىلاتى، ۋە ئاللاھ بىلەن مۇسانىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن گەپلەر مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. (19-سۈرە مەريەم، 53-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى مۇسا
    وَوَهَبْنَا لَهُ مِنْ رَحْمَتِنَا أَخَاهُ هَارُونَ نَبِيًّا
    ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلىپ، قېرىندىشى ھارۇننى نەبىي قىلىپ بەردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇنىڭغا ئۆز ئىلتىپاتىمىز بىلەن قېرىندىشى ھارۇننى ياردەمچى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا، پەيغەمبەر قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى فىرئەۋنىڭ يېنىغا بېرىشقا بۇيرۇغان چاغدا، ئۇ قېرىندىشى ھارۇننى ئۆزىگە ياردەمچى پەيغەمبەر قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ تىلىكىنى قوبۇل قىلىپ ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلغان، شۇنداقلا فىرئەۋننىڭ يېنىغا ئىككىسىنى بىرلىكلتە ئەۋەتكەن. ئاللاھ تائالا 41 ~ 53 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاق ۋە نەۋرىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ نەسلىدىن بولغان ئىككى پەيغەمبەر مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قىسسەسىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ. 54 - ۋە 55 - ئايەتلەردە بولسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى، ئۇنىڭ كەئبىنى بىنا قىلىشتىكى ياردەمچىسى ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى بولغان ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى قىسقىلا بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
    (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىسمائىل-نىڭ قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرغۇچى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب - قۇرئاندا ئىبراھىمنىڭ چوڭ ئوغلى، سېنىڭ بوۋاڭ ۋە بىزنىڭ ئەلچىمىز بولغان ئىسمائىلنىڭ قىسسەسىنىمۇ بايان قىلغىن: شۈبھىسىزكى، ئىسمائىل ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بىر بەندىمىز ئىدى، رەسۇل ئىدى، نەبى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا
    ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئائىلىسىنى نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيتتى. ئۇ رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بىرى ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ، ئائىلىسىنى نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيتتى. ئۇ بىزنىڭ رازىلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئىدى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى: ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە 12 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇ، ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇش نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بەك كىچىك چېغىدا ئانىسى بىلەن بىرلىكتە، ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن مەككىدىكى «بەيتۇللاھ» ئورۇن ئالغان ۋادىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مۇئەييەن ياشقا كىرگەندە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قۇربانلىق قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئورنىغا بىر قۇربانلىق ھايۋان بېرىلىپ قۇربانلىق قىلىنىشتىن قۇتقۇزۇلغان. ئاندىن ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن «بەيتۇللاھ»نى سالغان ۋە ئۇنى ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشقا بۇيرۇلغان. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىككە تاللىنىپ ۋەھىي نازىل قىلىنغان، باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلىنغان، سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ ۋە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشكەن ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىنغان. بۇ ئىككى (54 - ۋە 55 -) ئايەتتە ئۇنىڭ ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، ئائىلىسىنى نامازنى ئۆتەشكە ۋە زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇيدىغان، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن بىر رەسۇل ۋە بىر نەبى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ، ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن كەئبىنىڭ ئۇللىرىنى كۆتۈرۈۋېتىپ قىلغان دۇئالىرىنىڭ، «رەببىمىز! بىزنىڭ نەسلىمىزدىن ساڭا بويسۇنىدىغان بىر ئۇممەت چىقارغىن،... ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر رەسۇل ئەۋەتكىن،...» دېگەن قىسمى ۋە بۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەر ئۇ (ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام)نىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان ئوغلىنىڭ، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە: 1) ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا «ئەقىللىق ئوغۇل» دەپ بېشارەت بېرىلگەن. ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بولسا، «ئىلىملىك ئوغۇل» دەپ بېشارەت بېرىلگەن. «ئىلىملىك ئوغۇل» بولۇش ئۈچۈن تۇغۇلغان ئوغۇلنىڭ چوڭ بولۇشى، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلىم بېرىلىشى ۋە ئىنسانلارغا ئىلمىنى ئۆگىتىشى كېرەك. «ساڭا ئىلىملىك ئوغۇل بېرىمىز» دېگەن مەنىدىكى بېشارەتتىن كېيىن تۇغۇلغان ئوغۇلنى كېچىكىدە قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇش زىتلىق تەشكىل قىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. 2) ئىسھاق ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا بېشارەت بېرىلگەندە، ئىسھاقتىن تۆرىلىپ دۇنياغا كېلىدىغان نەۋرىسى يەئقۇبمۇ بىرلىكتە بېشارەت بېرىلگەن. ئاللاھنىڭ يەئقۇبنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقتىن تۆرەلدۈرۈپ بەخش ئېتىشى ئۈچۈن ئىسھاقنىڭ كېچىكىدە قۇربانلىق قىلىنماسلىقى لازىم. «ساڭا ئىسھاقنى ۋە ئۇنىڭدىن تۆرىلىپ دۇنياغا كېلىدىغان نەۋرەڭ يەئقۇبنى ئاتا قىلىمىز» دېگەن مەنىدىكى بېشارەتتىن كېيىن تۇغۇلغان ئىسھاقنى، ئۆسمۈر چېغىدا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇش يۇقىرىدىكى بىلەن ئوخشاشلا زىتلىق تەشكىل قىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. 3) ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا بېشارەت بېرىلگەندە، ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولىدىغانلىقى ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغانلىقىمۇ بىرلىكتە بېشارەت بېرىلگەن. ئىسھاقنىڭ پەيغەمبەر بولۇشى ۋە ياخشىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن كېچىكىدە قۇربانلىق قىلىنماسلىقى لازىم. 4) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەقىللىق ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۇكاپات سۈپىتىدە ئىسھاق دەپ باشقا بىر ئوغلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغانلىقىنى بېشارەت بەرگەن. 5) ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، قىلغان بىر دۇئاسىنىڭ ئارقىسىدىن بېشارەت بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭ باشقا ئايالىدىن تۇغۇلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئايالىنى بالىسى ئىسمائىل بىلەن مەككىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بولسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بەك ياشىنىپ كەتكەن ۋە ياشىنىپ كەتكەن ھەمدە تۇغماس ئايالى بىلەن بالىسى بولۇشقا ھېچ ئۈمىدى يوق ھالىتىدە، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشقا كەلگەن پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ موماي ئايالىغا (ئىككىسىگە) بېشارەت بېرىلگەن، ھەتتا ئۇ موماي بۇ بېشارەتتىن ناھايىتى ھەيران قالغان، نەتىجىدە ئىسھاقنى بۇ موماي تۇغقان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام چۈشىدە بالىسىنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان چاغدا، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ئوغلى ئىسمائىل بەزى ئىشلارنى قىلالىغۇدەك ياشتا ئىدى. ئۇ، ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن كەئبىنى سالغاندا بالاغەتكە يېتىپ چوڭ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇپ بولغان ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ، ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى سېلىشى ۋە ئۇ ئەسنادا قىلغان دۇئاسى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. دېمەككى، قۇربانلىق قىلىش ھادىسىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل بىلەن كەبىنى سېلىشتىن ئىلگىرى بولغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇ چاغدا بەك ياشىنىپ كەتمىگەن، شۇنداقلا كەئبىدەك بىر بىنانى سالغۇدەك ياشتا ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بەك ياشىنىپ كەتكەندە بېشارەت بېرىلگەن ئىسھاق، ئۇ چاغدا تېخى تۇغۇلمىغان ئىدى. بۇلار ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، قۇربانلىق ھادىسىسى كەئبىنىڭ بىناسىدىن ۋە ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ئىلگىرى بولغان. 6) قۇربانلىق قىلىنغان ئوغۇلنىڭ، ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «ئى ئوماق ئوغلۇم! مەن سېنى قۇربانلىق قىلىپ چۈشەپتىمەن، بۇ ئىشقا سەن قانداق قارايسەن؟» دېگەن چاغدا، «ئى دادىكا! بۇيرۇلغان ئىشىڭنى قىلغىن، ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن» دېگەنلىكى ۋە قۇربانلىق قىلىنىدىغان چېغىدا، ئاتىسىغا بەرگەن بۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يەردىكى (54 - ئايەتتىكى) «ۋەدىسىگە سادىق» دېگەن سۈپىتىگە ماس كېلىدۇ. پۈتۈن بۇ دەلىللەردىن كېيىن ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، قۇربانلىق قىلغان ئوغلى، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىلدۇر. ئاللاھ تائالا 41 ~ 50 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىدىن بىر پارچە زىكىر قىلىدۇ. ئاندىن 51 ~ 55 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولغان مۇسا ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قىسسەلىرىنى قىسقىلا زىكىر قىلىدۇ. ئاندىن 56 - ۋە 57 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجدادلىرىدىن بولغان ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
    كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    كىتاب-قۇرئان-دا ئىدرىس-قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ كىتابتا ئىدرىسنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب - قۇرئاندا، ئىنسانلارغا ئىدرىسنىڭ قىسسەسىنىمۇ بايان قىلغىن: شۈبھىسىزكى، ئۇ سۆز - ھەرىكىتىدە راستچىل كىشى ئىدى، نەبى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. وَرَفَعْنَاهُ مَكَانًا عَلِيًّا
    ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنى ئالىي ماكانغا كۆتۈردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇنىڭ شان - شەرىپىنى ئۈستۈن، مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلغان ئىدۇق. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلسا يىغلاپ سەجدىگە باش قويىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ، سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ ۋە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشكەن ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى قۇرئان كەرىمدە پەقەت ئىككى يەردىلا زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَٰنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩
    ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر، ئادەم-ئەلەيھىسسالام-نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل-يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز-ئىمانغا-ھىدايەت قىلغان ۋە - پەيغەمبەرلىككە- تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا - زېمىنغا- يىقىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بەزىسى بىز نۇھ بىلەن بىللە قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسىلىدىندۇر، بەزىسى ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھىدايەت قىلغان ۋە تاللىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا رەھماننىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، يىغلىشىپ سەجدىگە يىقىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ ئايەتكىچە زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا، ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇب، مۇسا، ھارۇن، ئىسمائىل ۋە ئىدرىس قاتارلىق 10 پەيغەمبەرنى ۋە ئۇلارنىڭ بەزى خىسلەتلىرىنى زىكىر قىلىدۇ. ئاندىن بۇ ئايەتتە ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق تەرەپلىرىنى ۋە پەرقلىق تەرەپلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئەنە شۇ 10 كىشى بىز ئىنئام قىلغان پەيغەمبەرلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر. ئاندىن كېيىن بەزىسى بىز تەرەپتىن نۇھ بىلەن كېمىدە توشۇلغان كىشىلەرنىڭ نەسلىدىندۇر، بەزىسى ئىبراھىمنىڭ ۋە بەزىسى يەئقۇبنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز توغرا يولغا ئېرىشتۈرگەن ۋە بىز ئەلچىلىكىمىزگە تاللىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار، ئۆزلىرىگە ئايەتلىرىمىز ئوقۇلسا، ئايەتلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەز - نەسىھەت، ئىلىم - ھېكمەت ۋە ئىبرەتلىك قىسسەلەردىن تەسىرلىنىپ يىغلىغان ھالدا سەجدىگە باش قويىدۇ. بۇ سۈرىدە زىكىر قىلىنغان 10 پەيغەمبەرنىڭ ئورتاق تەرەپلىرى، ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىپ پەيغەمبەر بولۇش، ئاللاھ تەرىپىدىن توغرا يولغا ئېرىشتۈرۈلۈش ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللىنىش، ئايەتلەردىن تەسىرلىنىپ ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمىنىپ يىغلىغان ھالدا سەجدىگە باش قويۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىك ۋە خىسلەتلەردۇر. ئۇلارنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ پەرقلىق نەسىللەردىن كېلىشىدۇر، مەسىلەن: ئىدرىس ئەلەيھىسسالام پەقەت ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭلا نەسلىدىندۇر، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن كېمىدە توشۇلغان كىشىلەردىن بىرىنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىندۇر، مۇسا، ھارۇن، زەكەرىييا، يەھيا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملار يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىندۇر. دېمەككى، بۇ پەيغەمبەرلەر نەسەبنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە بىرلەشسىمۇ تۆۋەندە ئايرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان مەرتىۋىلەردە ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسمەنلىكتە بىرلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئالدىنقى (58 -) ئايەتكەتچە 10 پەيغەمبەر زىكىر قىلىدۇ. 59 ~ 63 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭمىغان نەسىللىرىنىڭ جازاسىنى بايان قىلىدۇ ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ نەسلىدىن بولۇشنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا
    ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار - قىيامەت كۈنى- گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان بىر نەسىل كەلدى. ئۇلار نامازنى زايە قىلدى ۋە ھاۋايى -ھەۋەسلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى يېقىندا تارتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن كېيىن مەزكۇر پەيغەمبەرلەر دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭمايدىغان يامان نەسىل كەلدى. بۇ يامان نەسىل نامازنى زايە قىلدى، ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ئەگەشتى، كەيپ - ساپاغا بېرىلدى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمدى. ئۇلار يېقىندا دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىغا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْئًا
    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ-ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن-ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغانلار ئۇنداق ئەمەس. بۇلار ھېچبىر زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن جەننەتكە كىرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    لېكىن پۇرسەت بار چاغدا يامان ئىشلاردىن تەۋبە قىلغان، سەمىمىي ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆزىنى تۈزەتكەنلەر ئەپۇ قىلىنىدۇ؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە تولۇق مۇكاپات بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ عِبَادَهُ بِالْغَيْبِ ۚ إِنَّهُ كَانَ وَعْدُهُ مَأْتِيًّا
    ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ (ئىشەنگەن) جەننەتلەردۇر، ئاللاھنىڭ (جەننەت بىلەن قىلغان) ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەن جەننەتلەردۇر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنى ئۇلار رەھمان بەندىلىرىگە كۆرسەتمەستىن ۋەدە قىلغان ئەدن جەننەتلىرىگە كىرىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ جەننەت، «ئەدن جەننەتلىرى (ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان باغچىلار)» بولۇپ، ئاللاھ ئۇ باغچىلارنى ئۆزىنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. دېمەككى، نامازنى زايە قىلغان ۋە كەيپ - ساپاغا چۆمگەنلەرگە نەسەبىنىڭ ئېسىللىكى ئاخىرەتتە ھېچقانداق پايدا كەلتۈرمەيدۇ. جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇش شەرت. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا إِلَّا سَلَامًا ۖ وَلَهُمْ رِزْقُهُمْ فِيهَا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك ـ ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت سالامنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە بىھۇدە سۆز ئەمەس، پەقەتلا «سالام» ئاڭلايدۇ. ئۇ جەننەتلەردە ئۇلارنىڭ رىزىقلىرى چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن ھازىردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئۇ باغچىلاردا بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار پەقەت تەبرىك ۋە سالام ئاڭلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇ باغچىلاردا رىزىقى كەڭ ۋە دائىمىيدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. تِلْكَ الْجَنَّةُ الَّتِي نُورِثُ مِنْ عِبَادِنَا مَنْ كَانَ تَقِيًّا
    بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ، بىز بەندىلىرىمىزدىن تەقۋادار بولغانلارغا مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەتتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ باغچىلارنى دۇنيادىكى چېغىدا ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاتا قىلىدۇ. ياخشى ئىشلار - سەمىمىي ھالدا ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىش، توختامنى بۇزماسلىق، تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم قىلىش، ئاللاھتىن ئەيمىنىش، ئاخىرەت ھېسابىنى كۆز ئالدىدا تۇتۇپ ياشاش، سەۋرچان بولۇش، نامازنى ئۆتەش، زاكاتنى بېرىش، ياخشى ئىشلارغا ھەر دائىم پۇل چىقىم قىلىش قاتارلىقلاردۇر، قىسقىسى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىشتۇر. بۇ يەردە (61 - ۋە 62 - ئايەتلەردە) «ئەدن باغچىلىرى»دىكى نېمەتلەردىن بىھۇدە سۆز ئاڭلىماسلىق، تەبرىك ۋە سالام ئاڭلاش، ھەر دائىم رىزىققا ئېرىشىش قاتارلىق نېمەتلەر زىكىر قىلىنىپ، ئۇ نېمەتلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. جەننەت ئەھلى مەزكۇر ئەدن باغچىلىرىدا ئاڭلايدىغان «سالام»، ئۇلارغا ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەر قىلىدىغان سالام ۋە تەبرىكلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ (جەننەت ئەھلىنىڭ) بىر - بىرىنى تەبرىكلەپ ئېيتىدىغان «سالام»لىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا 59 ~ 63 - ئايەتلەردە يامان ئىش قىلغانلارنىڭ قىيامەت كۈنى دوزاخ بىلەن جازالاندۇرىدىغانلىقىنى، ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 64 - ۋە 65 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ ۋە بەندىلىرىگە قىيامەت كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمْرِ رَبِّكَ ۖ لَهُ مَا بَيْنَ أَيْدِينَا وَمَا خَلْفَنَا وَمَا بَيْنَ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا
    بىز (يەنى پەرىشتىلەر دۇنياغا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز - دۇنياغا- رەببىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، رەببىڭ-بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى-ئۇنتۇمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    جىبرىئىل مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! بىز رەببىڭ بۇيرۇمىسا زېمىنغا چۈشەلمەيمىز. ئۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، بىزنىڭ ئارقىمىزدىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق ئىشلارنىڭ ئىگىسىدۇر. رەببىڭ قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (جىبرىئىل ئېيتىدۇ) «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ چۈشمىگەنلىكىمنى، شۇنداقلا ۋەھىيىنىڭ كېچىككەنلىكىنى ئويلاپ غېرىبسىنىغان بولۇشىڭ مۇمكىن. شۇنى بىلگىنكى، بىز پەرىشتىلەر زېمىنغا رەببىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز. چۈنكى ھەر ئىش، جۈملىدىن بىزنىڭ زېمىنغا چۈشۈشىمىز ۋە چىقىشىمىز ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن بولىدۇ. بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ۋە ئارقىمىزدىكى ئىشلار يەنى دۇنيانىڭ، ئاخىرەتنىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى باسقۇچنىڭ ئىشلىرى ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ ئۇنىڭ ئىرادىسى، خاھىشى، باشقۇرۇشى ۋە يارىتىشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا سەن خاتىرجەم بولغىن، سېنى ياراتقان ۋە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن رەببىڭ سېنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، تاشلىۋەتمەيدۇ، يېرىم يولدا قويمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ ۚ هَلْ تَعْلَمُ لَهُ سَمِيًّا
    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ھالدا سەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا سەۋرلىك بولۇشقا تىرىشقىن. سەن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان باشقا بىرىنى بىلەمسەن؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ رەببىڭ ئاسمانلارنىڭ زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر؛ ئۇلارنى يوقتىن ياراتقۇچىدۇر، ھەر نەرسىنى لازىمەتلىك نەرسە بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ بارلىقىنى دااۋملاشتۇرغۇچىدۇر، ئۆزى خالىغان بويىچە باشقۇرغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەن ھەر كىشى ئۇ رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار؛ ئېھتىرام، مۇھەببەت ۋە تەزىم بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلىڭلار. سىلەر ئۇ رەببىڭلارنىڭ ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ياق، بىلمەيسىلەر! ئۇنداقتا، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىشقا سەۋر قىلىڭلار». ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئالدىنقى (65 -) ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەردە بىرقانچە پەيغەمبەرنىڭ قىسسەنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن يامان نەسىلنىڭ ۋە ياخشى نەسىلنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ رۇبۇبىيەت ۋە ئۇلۇھىيەتتە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ، بەندىلىرىنى ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. 66 - ئايەتلەردىن باشلاپ سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرگەنلەرنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىش ھەققىىدىكى ئېتىرازىغا ۋە باشقا ناشايان سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ، يامان قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدۇ، قىيامەت كۈنى بولىدىغان ئىشلارنى، بولۇپمۇ ئۇلار دۇچ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، ياخشىلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ. (66 ~ 72 -) ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە : — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. (19-سۈرە مەريەم، 66-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    وَيَقُولُ الْإِنْسَانُ أَإِذَا مَا مِتُّ لَسَوْفَ أُخْرَجُ حَيًّا
    ئىنسان (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىگە ئېتىقاد قىلمايدىغان كاپىر): «مەن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلەمدىم؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان: «مەن چوقۇم تىرىلەمدىم؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسان: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ قەبرەمدىن چىقىرىلامدىم؟» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشىنى ئىنكار قىلغان ئىنسان، ئۆلگىنىدىن كېيىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېھتىمالدىن يىراق ساناپ: «مەن ئۆلگىنىمدىن كېيىن ۋە بەدىنىم چىرىپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا جانلاندۇرۇلۇپ ئەسلىمگە قايتۇرۇلامدىمەن؟! بۇ قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشسۇن؟!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. أَوَلَا يَذْكُرُ الْإِنْسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ يَكُ شَيْئًا
    ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ بىزنىڭ ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئىنسان ئۆزىنى بىزنىڭ ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئويلىمامدۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئىنسان ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالامدۇ؟ ئۇ ئىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئەجەبلىنەمدۇ؟ ئۆزىنى ئىلگىرى بىزنىڭ يوقتىن ياراتقانلىقىمىزنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئېيتقاندا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش يوقتىن يارىتىشتىن ئاسانغۇ؟! ئى ئىنكارچىلار! ئى ئەخمەقلەر! ئى تۇزكورلار! «بىز دەسلەپكى يارىتىشتىن ئاجىز كەلدۇقمۇ؟»، «سىلەر ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە يوقتىن بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى بىلدىڭلار، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا يەنە بىر قېتىم سىلەرنى قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتمەيسىلەر؟!». ئى «بىز ئۆلگەندىن كېيىن چىرىپ توپىغا ئېلىشىپ كەتكەندە بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دەۋاتقان، ئويلاۋاتقان، بۇنى ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماسلىق بىلەن ئىپادىلەۋاتقان ئەخمەقلەر! «سىلەرنى، دەسلەپتە يوقتىن ياراتقان بىز تىرىلدۈرىمىز!». ئەگەر بۇ ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىمىزدىن شۈبھىلىنىدىغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ يارىتىلىش، تۇغۇلۇش، ياشاش ۋە ئۆلۈش باسقۇچلىرىغا ئىبرەت كۆزى بىلەن قاراپ چىقىڭلار. شۇنىڭدەك، يامغۇر يېغىش بىلەن زېمىندا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە ۋە ئۈنۈپ چىقىۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرگە قاراپ چىقىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (19-سۈرە مەريەم، 68-ئايەت) ھىساب تىرىلىش دوزاخ ئازابى
    فَوَرَبِّكَ لَنَحْشُرَنَّهُمْ وَالشَّيَاطِينَ ثُمَّ لَنُحْضِرَنَّهُمْ حَوْلَ جَهَنَّمَ جِثِيًّا
    پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ئازدۇرغان) شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى شەيتانلىرى بىلەن قوشۇپ ھەشىر قىلىمىز، ئاندىن جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىز پۈكۈپ ئولتۇرۇشقان ھالەتتە ساقلىتىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، ياشاتقان ۋە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ بىلەن يەنى ئۆزىمىز بىلەن قەسەمكى، بىز قىيامەت كۈنى پۈتكۈل ئىنسانلارنى، جۈملىدىن ئۇ كافىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ شەيتانلىرىنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەم (دوزاخ)نىڭ چۆرىسىگە تىز چۆككەن ھالەتلىرىدە ھازىر قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. ثُمَّ لَنَنْزِعَنَّ مِنْ كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمْ أَشَدُّ عَلَى الرَّحْمَٰنِ عِتِيًّا
    ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ھەر گۇرۇھنىڭ، رەھمانغا ئەڭ كۆپ ئاسىيلىق قىلغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن ھەر گۇرۇھتىن ئەڭ ئەشەددىي تۇزكور ۋە ئەڭ يامان گەندەنكەشلەرنى تارتىپ چىقىرىمىز ۋە ئۇلارنى باشقىلاردىن بۇرۇن جەھەننەمگە تاشلايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. ثُمَّ لَنَحْنُ أَعْلَمُ بِالَّذِينَ هُمْ أَوْلَىٰ بِهَا صِلِيًّا
    ئاندىن بىز دوزاخ ئازابىغا ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن بىز دوزاخ ئازابىغا ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كىمنىڭ دوزاختا كۆيۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىز ئوبدان بىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    چۈنكى بىز ئۇ گۇرۇھلارنىڭ ئىچىدىن كىمنىڭ دوزاخقا بالدۇر تاشلىنىپ ئازاب چېكىشكە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (19-سۈرە مەريەم، 71-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ھۆكۈم
    وَإِنْ مِنْكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتْمًا مَقْضِيًّا
    سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ رەببىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەردىن ئۇ يەرگە بارمايدىغان ھېچكىم يوقتۇر. بۇ رەببىڭ قارار قىلىپ بولغان ھۆكۈمدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى خالايىق! قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ، مەھشەرگاھتا دوزاخىنىڭ چۆرىسىگە كەلتۈرۈلىسىلەر. بۇ، بىزنىڭ قەتئىي ھۆكمىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. ثُمَّ نُنَجِّي الَّذِينَ اتَّقَوْا وَنَذَرُ الظَّالِمِينَ فِيهَا جِثِيًّا
    ئاندىن تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئەڭ تەقۋادارلارنى-جەھەننەمدىن-قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن بىز تەقۋادارلارنى قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى تىز پۈكۈپ ئولتۇرۇشقان ھالەتتە ئۇ يەردە قالدۇرۇپ قويىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن بىز تەقۋادارلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى ئۇ يەردىن (دوزاخنىڭ چۆرىسىدىن) يىراقلاشتۇرىمىز ۋە جەننەتكە كىرگۈزىمىز. بىزگە ئىتائەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئەنە شۇ جايدا تىز چۆككەن ھالەتلىرىدە قويۇپ قويىمىز. ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى دوزاخ مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلىدۇ. دوزاخ ئەسلىدە ئازغۇنلار ئۈچۈن كەلتۈرۈلسىمۇ، ئۇنى مەھشەرگاھتىكى ھەممەيلەن كۆرىدۇ. ئازغۇنلار يېقىن، تەقۋادارلار يىراق تەرەپتە دوزاخنىڭ ئەتراپىدا تىز چۆككەن ھالەتتە بولىدۇ. ئاندىن نامۇئەمەل كىتابلىرىنىڭ بېرىلىشى باشلىنىدۇ. مۇئمىنلارنىڭ ھېساب - كىتابى بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئۇلار جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئاندىن كافىرلارنىڭ ھېسابى باشلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىيلىرى تەرتىب بىلەن تارتىپ چىقىرىلىدۇ ۋە دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا دوزاخ چىقارغان قورقۇنچ ۋە دەھشەتلىك ئاۋازنى مۇئمىنلار ئاڭلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَيُّ الْفَرِيقَيْنِ خَيْرٌ مَقَامًا وَأَحْسَنُ نَدِيًّا
    ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۇئمىنلارغا: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كافىرلار مۇئمىنلارغا: «قايسىمىزنىڭ ئورنى ياخشى، گۇرۇپپىسى كۈچلۈك؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى) ۋە قىيامەتنى ئىنكار قىلغان ئۇ مۇشرىكلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇلسا، ئۇ كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن مەغرۇرلىنىپ مۇئمىنلارغا: «ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، بىزمۇ ياكى سىلەرمۇ؟ ئەمەلىيەت شۇكى، بىز سىلەردىن ھەر جەھەتتە ياخشى؛ تۇرالغۇ جايلىرىمىز بەلەن، ئۆي - ئىمارەتلىرىمىز ياخشى، مال - مۈلكىمىز كۆپ، ئىناۋىتىمىز يۇقىرى، مەرتىۋىمىز ئۈستۈن، تەرەپدارىمىز كۈچلۈك، سورۇنلىرىمىز ئاۋات. بىزنىڭ ئاخىرەتتىكى نېسىۋىمىزمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ؛ ئاخىرەتتە يەنە سىلەردىن ئۈستۈن مەرتىۋىدە بولىمىز. چۈنكى بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئۈستۈنلۈكىمىز پېشانىمىزنىڭ ئوڭ، زۇۋۇلىمىزنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَاثًا وَرِئْيًا
    بۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىلگىرى بايلىقتا ۋە چىراي - شەكىلدە ئۇلاردىن ئۈستۈن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ) ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارنىڭ بىز ئىلگىرى ھالاك قىلىۋەتكەن ئۇممەتلەردىن ئىبرەت ئېلىشى لازىم ئىدى، چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىپ ھالاك قىلىنغان ئۇممەتلەر دۇنيالىق جەھەتتە، ساڭا قارشى چىقىۋاتقان بۇ مۇشرىكلاردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئىدى؛ بۇلاردىن باي، بۇلاردىن كۈچلۈك ۋە بۇلاردىن كۆپ ئىدى. لېكىن ئۇلار كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ھالاك قىلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ تارىخى، خارابىلىكلىرىدە ۋە ئاسارئەتىقىلىرىدە نۇرغۇنلىغان ئىبرەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. (19-سۈرە مەريەم، 75-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ھۆكۈم ئازغۇنلۇق
    قُلْ مَنْ كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضْعَفُ جُنْدًا
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئازغۇنلۇق ئىچىدە بولغانلارغا رەھمان قانچىلىك مۆھلەت بەرسە بەرسۇن، ئۇلار ئاخىرى ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىنى - ئازابنى ياكى قىيامەتنى - كۆرگەن چاغلىرىدا، كىمنىڭ ئورنىنىڭ يامان ۋە قوشۇنى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «كىم گۇمراھلىق ۋە كۇفرىلىق ئىچىدە بولىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىشى ۋە ئەڭ قاتتىق ئازابقا لايىق بولۇشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىدۇ؛ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقنى داۋاملاشتۇرسىمۇ ئۇنىڭغا تەن سالامەتلىكى، بايلىق ۋە ئىناۋەت بېرىدۇ. ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ كۆرەڭلەپ، ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك ۋە ئامەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇئمىنلاردىن بۇ دۇنيادا ئۈستۈن بولغاندەك ئاخىرەتتىمۇ ئۈستۈن بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تاكى ئۇلار دۇنيادا ئازابنى يەنى مۇئمىنلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىشنى كۆرگەن چاغلىرىدا ياكى قىيامەت قايىم بولۇپ مەھشەرگاھتا رەسۋا بولغان چاغلىرىدا، كىمنىڭ ئەھۋالى يامان ۋە تەرەپدارى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. وَيَزِيدُ اللَّهُ الَّذِينَ اهْتَدَوْا هُدًى ۗ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ مَرَدًّا
    ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ھىدايەت تاپقانلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ. پايدىسى تۈگىمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى ساۋاب قازاندۇرىدۇ ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار ئايەتلىرىمىز ئوقۇلسا ۋە يەتكۈزۈلسە مۇئمىنلارغا ئەنە شۇنداق بولمىغۇر سۆزلەرنى قىلىدۇ ۋە ئىنكاردا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ. ئەمما مۇئمىنلارغا كەلسەك، ئۇلار روشەن ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسا قوبۇل قىلىدۇ، ئەمەل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تەرىپىدىن تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنىدۇ. ياخشى ئىشلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى مۇكاپات قازاندۇرىدۇ ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. (19-سۈرە مەريەم، 77-ئايەت) كىبىر يالغانچىلىق كاپىرلىق
    أَفَرَأَيْتَ الَّذِي كَفَرَ بِآيَاتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالًا وَوَلَدًا
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، «ماڭا چوقۇم مال ۋە بالا بېرىلىدۇ» دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! دۇنيالىقىغا ئالدىنىپ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئادەمنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنى مەسخىرە قىلىپ: «ئى مۇئمىنلار! سىلەر بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان ئاخىرەتتە ئاللاھ ماڭا يەنە مال ۋە ئەۋلاد بېرىدۇ. مەن ئۇ يەردىمۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولىمەن» دېگەن ئادەمدىن ئەجەبلەنگىن. چۈنكى ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ تەرسالىقى ۋە ئەخمەقلىقىدىن ئاخىرەتنى مۇشۇ دۇنياغا ئوخشاش دەپ تەسەۋۋۇر قىلدى ۋە ئاخىرەتنىڭ سىناق دۇنياسى ئەمەس، ئەكسىچە بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقنىڭ مۇاپاكاتىغا ئېرىشىش، يامانلىقنىڭ جازاسىغا دۇچار بولۇش يۇرتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇدى. تارىخ بويىچە ئۆزىنىڭ باياشات تۇرمۇشى، ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىغا ئالدانغانلارنىڭ خاتا كەتكەن يېرى شۇكى، ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشتىن ئامەتلىك ۋە بەختلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ نېمەت ۋە ئىمكانلارغا لايىق ئىكەنلىكىنى، قىيامەتنىڭ قايىم بولمايدىغانلىقىنى، ناۋادا قايىم بولغان تەقدىردە بۇ ئەھۋالىنىڭ ئەينەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئويلىشىدۇر. ئۇلار بۇ چۈشەنچىسىگە ئۇ قەدەر ئىشىنىدۇكى، بۇنى ھەر پۇرسەتتە مۇئمىنلارغا ئېيتىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن مۇئمىنلارنى كەمسىتىپ، ئۇلارنى تەلەيسىزلىك بىلەن ئەيىبلەيدۇ، «تەتۈر پېشانە، كاج تەلەي» دەپ ئۆزىچە ھاقارەت قىلىدۇ. جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى باي ۋە ئابرۇيلۇق مۇشرىكلار، مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىپ: «ئەگەر مۇھەممەد دەۋەت قىلغان يول خەيرلىك بولسا ئىدى، ئۇ يولغا بۇلاردىن ئىلگىرى بىز كىرگەن بولاتتۇق» دېگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئەنە شۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ ئېيتىدۇكى: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. أَطَّلَعَ الْغَيْبَ أَمِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
    ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ؟ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى رەھماندىن ئەھدە ئالغانمۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىر غەيبكە ۋاقىپ بولدىمۇ؟ ياكى ئاللاھتىن ئاخىرەتتىمۇ ئۆزىگە مال ۋە ئەۋلاد بېرىشى توغرىسىدا ئەھدە ئالدىمۇ؟ ياق! ھېچبىرىنى قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇ كافىر يالغان ئېيتىۋاتىدۇ، خام خىيال سۈرۈۋاتىدۇ، مۇئمىنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئۆزىچە مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ. لېكىن شۇ بىر ھەقىقەتكى، مۇئمىنلار قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئۈستۈن بولىدۇ ۋە ئۇلارنى خورلانغان ھالدا كۆرۈپ كۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. كَلَّا ۚ سَنَكْتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُ مِنَ الْعَذَابِ مَدًّا
    ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق، ئۇنداق ئىش يوق. بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يېزىپ تۇرىمىز، ئازابىنى ئۇزارتىپ تۇرىمىز[8].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىر بۇنداق يالغانلارنى ئېيتىشتىن يانسۇن بىز ئۇنىڭ دەۋاتقان سۆزلىرىنى، ئويدۇرۇۋاتقان تۆھمەتلىرىنى ۋە توقۇپ چىققان بوھتانلىرىنى يېزىپ تۇرۇمىز، شۇنداقلا ئۇنى بۇ سۆزلىرىنىڭ جازاسىنى چېكىشى ئۈچۈن مۇددىتى تۈگىمەيدىغان ۋە ئەلىمى (قىينىشى) بارغانسېرى ئارتىدىغان مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار قىلىمىز. ئۇنداق خام خىيالغا بېرىلگەنلەرنىڭ بىلىشى لازىمكى، بىزنىڭ ئۇلارغا مال - مۈلۈك، ئوغۇل ۋە تەرەپدارلار بېرىشىمىز ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىقىمىز ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ئەسقاتىدىغان نەرسە مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقا ئەمەس، ئەكسىچە ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. (19-سۈرە مەريەم، 80-ئايەت) ھىساب ۋارىسلىق
    وَنَرِثُهُ مَا يَقُولُ وَيَأْتِينَا فَرْدًا
    ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان نەرسىلىرىگە بىز ۋارىس بولىمىز. ئۆزى بولسا ھۇزۇرىمىزغا يالغۇز كېلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرغان، ئەركىلەتكەن ۋە چوڭچىلىق قىلدۇرغان مال - مۈلۈك، تەرەپدار ۋە ئۆي - ئىمارەتلىرىنى ئېلىۋالىمىز، ئۇلارغا بىز ئىگە بولىمىز. ئۇ، بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا يالغۇز ھالدا كېلىدۇ؛ يېنىدا مېلى، تەرەپدارى ۋە ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا 71 ~ 80 - ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلۈشى ۋە كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ مەھشەرگاھتىكى ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، پۇرسەت بار چاغدا توغرا يولغا كېلىشنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ، ناۋادا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن پېتى ھۇزۇرىغا كەلگەن تەقدىردە دۇچار بولىدىغان يامان ئاقىۋەتنى سەمىگە سالىدۇ. 81 ~ 87 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شافائەت قىلىدۇ، بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، بىزنى ھىمايىسىگە ئېلىپ ئىززەت - ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ» دەپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارغا دۈشمەن بولۇپ دەرد - ئەلەملىرىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. (19-سۈرە مەريەم، 81-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك تاغۇت
    وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لِيَكُونُوا لَهُمْ عِزًّا
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن (يەنى ئىلاھلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەتلىك بولۇش ئۈچۈن)، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلارغا چوقۇندى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاللاھ نى قويۇپ ئىلاھلارغا چوقۇندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئىززەت تاپىمىز دەپ ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلار : «بىزگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شافائەت قىلىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىززەت - ئېتىبارغا ئېرىشتۈرىدۇ» دەپ ئاللاھنى قويۇپ ھەر تۈرلۈك ئىلاھلارغا چوقۇندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. (19-سۈرە مەريەم، 82-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق تاغۇت
    كَلَّا ۚ سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا
    ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، (ئىلاھلار) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس، ئۇلار، بۇلارنىڭ چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق، ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ. ئۇ ئويدۇرما ئىلاھلار، ئۆزلىرىگە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ چوقۇنىشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاخىرەتتە ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا ئەسلا ئىززەت - ئېتىبار قازاندۇرمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىگە ئۇ كافىرلارنىڭ چوقۇنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا قارشى دۈشمەنگە ئايلىنىپ ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى قىيامەت كۈنى مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، دوزاخنىڭ يولىدا ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە ئۆز مەبۇدلىرى بىلەن ئۆزئارا تىللىشىدۇ، بىر - بىرىگە لەنەت ئوقۇشىدۇ، تاپا - تەنە قىلىشىدۇ ۋە بىر - بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. أَلَمْ تَرَ أَنَّا أَرْسَلْنَا الشَّيَاطِينَ عَلَى الْكَافِرِينَ تَؤُزُّهُمْ أَزًّا
    بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى - گۇناھلارغا- قىزىقتۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆرمىدىڭمۇ؟ بىز كافىرلارغا شەيتانلارنى ئەۋەتتۇق. شەيتانلار ئۇلارنى قىزىقتۇرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن بىزنىڭ، شەيتانلارنى كافىرلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېرىدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتمىدىڭمۇ؟ ئەلۋەتتە تونۇپ يەتتىڭ. بىز، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە قارشى چىقىۋاتقان، دەۋىتىڭگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ۋە ساڭا ھەر تۈرلۈك ھاقارەتلەرنى قىلىۋاتقان بۇ كافىرلارغىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقى سەۋەبلىك شەيتانلارنى ئەۋەتتۇق. شەيتانلار ئۇلارنى ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتى، ساڭا قارشى چىقىشقا قىزىقتۇردى، ئۇلارغا تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكنى، شۇنداقلا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ۋە فىترىتىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن شەيتانلارغا ئىتائەت قىلدى. شۇڭلاشقا بۇ كافىرلار شۇنچە روشەن ھەقكە قارشى چىقىۋاتىدۇ، دەۋەتنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئويلانمايۋاتىدۇ. بۇ ئايەتتىمۇ بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇنى بويىچە شەيتانلارنى دوست تۇتقان، قېرىنداش قىلىۋالغان ۋە يېقىن بىلگەن كىشىلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ دوست، قېرىنداش ۋە يېقىنلىرى بولغان شەيتانلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەيتانلار ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك ۋەسۋەسە، ھىيلە - نەيرەڭ ۋە كۈشكۈرتۈشلەر بىلەن بۇ دوستلۇق ۋە يېقىنلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ -دە، ئۇلار ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ، نەتىجىدە ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاختىمۇ شەيتانلار بىلەن بىللە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. (19-سۈرە مەريەم، 84-ئايەت) سەۋر ئىلاھىي ھۆكۈم
    فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّا
    ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن. بىز ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى ساناۋاتىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىگە قاراپ خاپا بولمىغىن، مەيۈسلەنمىگىن، ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ تېز ئازابلىنىشىنى تىلىمىگىن. بىز ئۇلارنى دۇنيادا بىر مۇددەت ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز، لېكىن قىلمىشلىرىنى بىر - بىرلەپ يېزىپ تۇرۇمىز . ئاندىن ئۆلتۈرىمىز ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرىمىز، شۇنداقلا ھېساب ئېلىپ، ئۇلارنى تېگىشلىك بولغان ئورنى دوزاخقا مەڭگۈلۈك قېلىپ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىمىز. دېمەككى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى مۇددىتى چەكلىك، كۈنلىرى ساناقلىق، ئاندىن ئۆلۈم، ئاندىن ئازاب. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. يَوْمَ نَحْشُرُ الْمُتَّقِينَ إِلَى الرَّحْمَٰنِ وَفْدًا
    شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ كۈندە تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۈن كېلىدۇ، بىز تەقۋادارلارنى رەھماننىڭ ھۇزۇرىغا ھۆرمەتلىك مېھمانلار سۈپىتىدە يىغىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز، دۇنيادا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى، تەرىپىمىزدىن چەكسىز نازۇنېمەتلەر بىلەن تەييارلانغان جەننىتىمىزگە ھۆرمەتلىك مېھمانلار سۈپىتىدە كەلتۈرىمىز. تەقۋادارلار ئۆلۈمى ئەسناسىدا، ئۆلگەندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەندە، مەھشەرگاھقا ئېلىپ مېڭىلغاندا، ھېساب - كىتاب ئەسناسىدا، جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىشتا ۋە جەننەتنىڭ ئىچىدە مەسئۇل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرىدۇ ۋە تەبرىكلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەر باسقۇچتا، كېيىن ئېرىشىدىغان نېمەتلەرنىڭ خۇش خەۋىرى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  86. (19-سۈرە مەريەم، 86-ئايەت) ھىساب دوزاخ ئەھلى دوزاخ ئازابى
    وَنَسُوقُ الْمُجْرِمِينَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ وِرْدًا
    گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    گۇناھكارلارنى جەھەننەمگە چاڭقىغان پادا سۈپىتىدە ھەيدەيمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    كۇفرىلىق قىلغان، ئايەتلىرىمىزنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان گۇناھكارلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى دوزاخقا ھەيدەيمىز. ئۇلار مەسئۇل پەرىشتىلىرىمىز تەرىپىدىن دوزاخقا چاڭقىغان پادا سۇنىڭ يېنىغا ھەيدەپ مېڭىلغاندەك ھەيدەپ مېڭىلىدۇ. گۇناھكارلار تەقۋادارلارنىڭ ئەكسىچە ئۆلۈمى ئەسناسىدا، ئۆلگەندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مەھشەرگەھقا ئېلىپ مېڭىلغاندا، ھېساب - كىتاب ئەسناسىدا، دوزاخقا ئېلىپ مېڭىلىشتا ۋە دوزاخىنىڭ ئىچىدە مەسئۇل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قوپال مۇئامىلە كۆرىدۇ، قاتتىق گەپ ئاڭلايدۇ، دەككە يەيدۇ، دەشنەم ئىشىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. لَا يَمْلِكُونَ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
    مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئۇلار شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. رەھماننىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەن كىشى مۇستەسنا.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلار ئۇ كۈنى ھېچكىمنىڭ شافائىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارغا ھېچكىم شافائەت قىلمايدۇ. لېكىن شافائەتكە دۇنيادىكى چېغىدا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىش ئارقىلىق رەھماننىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدە ئالغان كىشىلا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاللاھ رۇخسەت بەرگەن كىشىلەر، ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگە شافائەت قىلالايدۇ.. بۇ ھەقتە ئىلگىرى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. ئاللاھ تائالا 81 ~ 87 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ، «قىيامەت كۈنى بىزگە شافائەت قىلىپ ئىززەت - ھۆرمەت قازاندۇرىدۇ» دەپ شېرىك كەلتۈرۈشىگە رەددىيە بېرىدۇ. 88 ~ 95 - ئايەتلەردە «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شافائەت قىلىدۇ، ياردەم قىلىدۇ، قوللايدۇ...» دېگەن خىيال بىلەن بەزى كىشىلەرنى ۋە پەرىشتىلەرنى «ئاللاھنىڭ بالىسى» دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇلارغا چوقۇنغان كافىرلارغا، خۇسۇسەن «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ قاراپ ئۇلارغا چوقۇنغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  88. وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَٰنُ وَلَدًا
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەزى كافىرلار: «رەھماننىڭ بالىسى بار» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى؛ يەھۇدىيلار «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى»، ناسارالار» «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى»، مۇشرىكلار: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. لَقَدْ جِئْتُمْ شَيْئًا إِدًّا
    سىلەر شەك ـ شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر شەك ـ شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى كافىرلار! سىلەر ئۇنداق دېيىش بىلەن شۇنداق قەبىھ سۆز ئېيتتىڭلاركى، — ئەنەس ئالىم

    ئى كافىرلار! ناھايىتى قەبىھ سۆز سۆزلىدىڭلار، ئېغىزىڭلاردىن قاتتىق يامان نەرسە چىقاردىڭلار، ئۇ سۆزنى ئېيتىش بىلەن شۇنچىۋالا سەت ئىش قىلدىڭلاركى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  90. (19-سۈرە مەريەم، 90-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى شېرىك
    تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْهُ وَتَنْشَقُّ الْأَرْضُ وَتَخِرُّ الْجِبَالُ هَدًّا
    بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ سۆزنىڭ-يامانلىقىدىن-ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، زېمىن يېرىلىپ كەتكىلى ۋە تاغلار يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ سۆزنىڭ يامانلىقى ۋە سەتلىكىدىن ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، زېمىن يېرىلىپ كەتكىلى ۋە تاغلار ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تاس قالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  91. أَنْ دَعَوْا لِلرَّحْمَٰنِ وَلَدًا
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئۇلار «رەھماننىڭ بالىسى بار» دەپ دەۋا قىلاتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    چۈنكى ئۇ كافىرلار شۇنچە نېمەتلەرنى ئاتا قىلىۋاتقان ئاللاھقا بالا نىسبەت بېرەتتى؛ ئۆزلىرىنى يوقتىن ياراتقان، رىزىق بېرىپ ياشتىۋاتقان ۋە ھەر ئىشىنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان ئاللاھقا بالا ئىگىسى بولۇش سۈپىتىنى لايىق كۆرەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  92. وَمَا يَنْبَغِي لِلرَّحْمَٰنِ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا
    بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، بالىسى بولۇش رەھماننىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى كافىرلار! ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، كاتتىلىقى ۋە مۇكەممەلكىگە بالىسى بولۇش لايىق بولمايدۇ. چۈنكى بالىسى بولۇش ئاللاھنىڭ بەزى مەخلۇقاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئېھتىياجى. ئاللاھ ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ، ھېچ نەرسە ئاللاھقا ئوخىشمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھنى قانداقمۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىغا ئوخشىتىسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  93. إِنْ كُلُّ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ إِلَّا آتِي الرَّحْمَٰنِ عَبْدًا
    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر كىشى رەھماننىڭ ھۇزۇرىغا پەقەتلا بەندە بولۇپ كېلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پەرىشتە، جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھلىقىغا بويۇن ئەگكەن، ئۆزىنىڭ بەندە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھالەتتە كېلىدۇ. دېمەككى، ئاللاھنىڭ تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر. ھەر نەرسە ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ۋە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ھېچبىرى ئاللاھنىڭ بالىسى ئەمەستۇر!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  94. لَقَدْ أَحْصَاهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّا
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق بىلدى ۋە بىر - بىرلەپ سانىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىنىڭ سان، مىقدار، جىنس ۋە تۈرلىرىنى تولۇق بىلمەكتىدۇر. ئۇلارنىڭ نەپەس، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرماقتىدۇر. ئۆز قۇدرىتى ۋە ئىلمى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى قورشاپ تۇرماقتىدۇر. ئاللاھقا ھېچ كىم ۋە ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  95. (19-سۈرە مەريەم، 95-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَكُلُّهُمْ آتِيهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَرْدًا
    قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يالغۇز چىقىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يالغۇز ھالەتتە كېلىدۇ؛ يېنىدا مال - مۈلكى، بالا - چاقىسى، ياردەمچىلىرى ۋە تەرەپدارلىرىدىن ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم بولمايدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئادالىتى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ھېچكىمگە قىلچە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  96. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ الرَّحْمَٰنُ وُدًّا
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن-ئۇلارنىڭ دىللىرىدا-مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى رەھمان سۆيۈملۈك قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا 66 ~ 85 - ئايەتلەردە كافىرلارنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ، ئۇلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ ئىخلاسمەن ۋە تەقۋادار مۇئمىنلارنىڭ مۇھەببىتىنى باشقا بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئۇ مۇئمىنلارنى، ئۆز ئارىسىدا تۇغقانچىلىق، يېقىنلىق، ئاغىنىدارچىلىق ۋە مەنپەئەتلىنىش... قاتارلىق مۇناسىۋەتلەردىن ھېچبىرى بولماستىن سۆيىدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە دوست تۇتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  97. فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ الْمُتَّقِينَ وَتُنْذِرَ بِهِ قَوْمًا لُدًّا
    (ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- تەقۋادارلارغا خۇش ـ خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. بۇ ئۇنىڭ بىلەن تەقۋادارلارغا خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش بىلەن ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىشى ۋە توغرا يولنى قوبۇل قىلغانلارغا خۇش خەۋەر، قوبۇل قىلمىغانلارغا شۇم خەۋەر بېرىشى ئۈچۈن نازىل قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى لايىقىدا ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭ تىلى بولغان ئەرەبچە تىل بىلەن نازىل قىلغان، شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈش، ئوقۇش ۋە ئۆگىتىشنى ئاسانلاشتۇرغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلغان ئەنە شۇ ئىلتىپاتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ بۇ قۇرئاننى يەتكۈزۈشىڭ، شۇنداقلا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئەمەل قىلغان (تەقۋادار)لارغا خۇش خەۋەر بېرىشىڭ، ئىنكار قىلغان ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن (گەدەنكەش قەۋم)لەرنى ئاگاھلاندۇرۇشىڭ ئۈچۈن، ئۇنى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە نازىل قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  98. وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُمْ مِنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًا
    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. سەن ئۇلاردىن بىرەر كىشىنى بايقىيالامسەن ياكى ئۇلارنىڭ بىرەر شەپىسىنى ئاڭلىيالامسەن؟ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئالدىنقى (97 -) ئايەتكىچە تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە قىيامەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى قوبۇل قىلغانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ، كافىرلارنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاندىن بۇ (ئاخىرقى) ئايەتتە ناھايىتى تەسىرلىك بىر نەسىھەت بىلەن سۈرىنى تاماملايدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە قارشى چىقىۋاتقان مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان قەۋملەرنى، ئۇممەتلەرنى ۋە نەسىللەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى ۋە ھالاك بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەنلەر، تەتقىقات ئېلىپ بارغانلار يامانلىقنىڭ جازاسىنىڭ يامانلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ - دە، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقماسلىقى ئۈچۈن دىققەت قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن بىز ئىلگىرى ھالاك قىلىۋەتكەن ئۇ قەۋملەرنڭ بىرەر شەپىسىنى ئاڭلامسەن؟ ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنى بايقامسەن؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى