تەۋبە سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 129 ئايەتمەنىسى: تۆۋبە. ئاتىلىش سەۋەبى: تۆۋبە ياكى ئازابنى تاللاش كىرەكلىكى بايان قىلىنغان( بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 14 ئىسمى بار)
-
بَرَاءَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
(بۇ) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان ئادا ـ جۇدا بولۇش (يەنى مۇئاھىدىنى بىكار قىلىش) ئېلانىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(بۇ) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەر بىلەن (تىنچ ئۆتۈش توغرۇلۇق) كېلىشىم تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان كېلىشىمنى بىكار قىلىش ئېلانىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ، سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئەھدىنى بىكار قىلىش باياناتىدۇر: — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەن ۋە ئەھدىسىنى بۇزغان مۇشرىكلاردىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئادا - جۇدادۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَسِيحُوا فِي الْأَرْضِ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۙ وَأَنَّ اللَّهَ مُخْزِي الْكَافِرِينَ
(ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە (خالىغىنىڭلارچە) تۆت ئاي يۈرۈڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ كاپىرلارنى خار قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە تۆت ئاي يۈرۈۋېلىڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ كافىرلارنى رەسۋا قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇشرىكلار! بۈگۈندىن ئېتىبارەن زېمىندا تۆت ئاي ئايلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كافىرلارنى رەسۋا قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئەھدىسىنى بۇزغان مۇشرىكلار! بۈگۈندىن ئېتىبارەن سىلەرگە تۆت ئاي ئامانلىق بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ مۇددەت ئىچىدە خالىغان يېرىڭلارغا خاتىرجەم ھالدا بېرىپ - كېلىڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە ھۆكمىدىن قاچالمايسىلەر. شۇنىمۇ بىلىڭلاركى، ئاللاھ كافىرلارنى رەسۋا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَذَانٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّهَ بَرِيءٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ۙ وَرَسُولُهُ ۚ فَإِنْ تُبْتُمْ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الَّذِينَ كَفَرُوا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
(بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا ـ جۇدادۇر. ئەگەر (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە (گۇمراھلىقتا كېتىۋېرىشتىن) ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
(بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن بىزاردۇر. ئەگەر (كۇفردىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن چوڭ ھەج كۈنىدە ئىنسانلارغا چىقىرىلغان ئېلاندۇركى: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدادۇر. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر ئاللاھتىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
ئەڭ چوڭ ھەج كۈنى (قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى) ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇكى، ئاللاھ ئۇ مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدادۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ ئادا - جۇدادۇر. ئى ئەھدىسىنى بۇزغان مۇشرىكلار! ئەگەر تەۋبە قىلىپ ھەقكە قايتساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولىسىلەر. ناۋادا ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قاچالمايسىلەر. ئى مۇھەممەد! بۇ گەدەنكەشلەرگە، تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ثُمَّ لَمْ يَنْقُصُوكُمْ شَيْئًا وَلَمْ يُظَاهِرُوا عَلَيْكُمْ أَحَدًا فَأَتِمُّوا إِلَيْهِمْ عَهْدَهُمْ إِلَىٰ مُدَّتِهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزگەن، مۇئاھىدىگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ مۇئاھىدىگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، كېلىشىمگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ كېلىشىمگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن ئۇ مۇشرىكلاردىن، ئەھدە شەرتلىرىگە تولۇق رىئايە قىلغان ۋە سىلەرگە قارشى ھېچكىمگە ياردەم قىلمىغانلار مۇستەسنا. بۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىڭلارغا مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغىچە رىئايە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! يۇقىرىدىكى ھۆكۈم ئەھدىسىنى بۇزمىغان مۇشرىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇڭلاشقا سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەن ۋە ئەھدىسىدە تۇرغان مۇشرىكلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدەڭلارغا مۇددەتنىڭ ئاخىرىغىچە رىئايە قىلىڭلار. ئاللاھ يامان ئىشلاردىن بولۇپمۇ ئەھدىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلىشتىن ساقلانغانلارنى سۆيىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 3 - ئايەتلەردە ئەھدىسىنى بۇزغان مۇشرىكلارغا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىنمۇ ئەھدىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئۇ مۇشرىكلارغا تۆت ئاي ئامانلىق بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 5 - ۋە 6 - ئايەتتە ئۇ تۆت ئايلىق مۇددەت ئىچىدە تەۋبە قىلمىغان مۇشرىكلارغا مۇددەت توشقاندىن كېيىن مۇئمىنلارنىڭ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِذَا انْسَلَخَ الْأَشْهُرُ الْحُرُمُ فَاقْتُلُوا الْمُشْرِكِينَ حَيْثُ وَجَدْتُمُوهُمْ وَخُذُوهُمْ وَاحْصُرُوهُمْ وَاقْعُدُوا لَهُمْ كُلَّ مَرْصَدٍ ۚ فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَخَلُّوا سَبِيلَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
(ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، (كېلىشىمنىڭ بوزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان) مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئامانلىق مۇددىتى بولغان ئۇ ئايلار ئاخىرلاشقان چاغدا ئۇ مۇشرىلارنى تاپقان يېرىڭلاردا ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى تۇتۇڭلار، ئۇلارنى قورشاڭلار ۋە ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسە، زاكاتنى بەرسە قويۇپ بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەھدىنى بۇزغان مۇشرىكلارغا ئەھدىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بېرىلگەن تۆت ئايلىق ئامانلىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇلارنى مەيلى ھەرەم تەۋەلىكىدە بولسۇن، مەيلى ھەرەم تەۋەلىكىنىڭ تېشىدا بولسۇن قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە خالىغىنىڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، خالىغىنىڭلارنى تۇتۇپ ئەسىرگە ئېلىڭلار. ئۇلارنىڭ يولۇققانلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىش بىلەن قانائەتلەنمەڭلار، ئەكسىچە ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدە قامال قىلىڭلار، ھەر يولدا ۋە ھەر جايدا ئۇلارنى كۆزىتىپ ئولتۇرۇڭلار. ناۋادا ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئىسلامغا كىرسە، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسە، زاكاتنى بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ أَحَدٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّىٰ يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْلَمُونَ
ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىغانغا (يەنى ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇ مۇشرىكلاردىن بىرى سەندىن پاناھلىق تىلىسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىغانغا قەدەر پاناھلىق بەرگىن. ئاندىن ئۇنى ئامانلىق ئىچىدە بولىدىغان يېرىگە يەتكۈزۈپ قويغىن. چۈنكى ئۇلار بىلمەيدىغان قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مەزكۇر تۆت ئايلىق مۇددەت توشقاندىن كېيىن ئەگەر ئۇ ئۆلتۈرۈشكە ۋە ئەسىرگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇشرىكلاردىن بىرى سەندىن پاناھلىق تىلىسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىغانغا قەدەر پاناھلىق بەرگىن. ئۇ ئەگەر سىلەردىن ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ ئىسلامغا كىرسە سىلەردىن ھېسابلىنىدۇ، ناۋادا ئۇ ئاللاھنىڭ كالامنى ئاڭلاپمۇ ئىسلامغا كىرمىسە ئۇنى ئامانلىقتا بولىدىغان يېرىگە يەتكۈزۈپ قويغىن. چۈنكى ئۇلار ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان قەۋمدۇر. پاناھ تىلەپ يېنىڭغا كەلگەن مۇشرىكنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى ئىسلامنى بىلمىگەنلىكتىن بولۇشى، ئىسلامنى ئوبدان چۈشەنسە ئۇنى «دىن» دەپ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَيْفَ يَكُونُ لِلْمُشْرِكِينَ عَهْدٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعِنْدَ رَسُولِهِ إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ عِنْدَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۖ فَمَا اسْتَقَامُوا لَكُمْ فَاسْتَقِيمُوا لَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قارىشىچە، (ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان) مۇشرىكلاردا قانداقمۇ مۇئاھىدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەمما مەسجىدى ھەرەم قېشىدا سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار ئەگەر ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، سىلەرمۇ ۋاپا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى (يەنى پەرۋەردىگاردىن قورققان، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، خىيانەت قىلمىغانلارنى) دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نەزىرىدە، مۇشرىكلاردا ئەھدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەمما، ھەرەم مەسجىدى قېشىدا سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكەن مۇشرىكلار كېلىشىمگە ۋاپا قىلسىلا، سىلەرمۇ ۋاپا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ نەزىرىدە ئۇ مۇشرىكلاردا قانداقمۇ ئەھدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ لېكىن سىلەر مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدا ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار مۇستەسنا. ئۇلار سىلەرگە تۈز مۇئامىلىدە بولسىلا، سىلەرمۇ ئۇلارغا تۈز مۇئامىلىدە بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەھدىسىنى بۇزغان مۇشرىكلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ نەزىرىدە قانداقمۇ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەھدە بولسۇن؟! چۈنكى ئۇلار ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ ئۇلار بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بىكار قىلىپ تاشلىدى، شۇڭلاشقا ھازىر ئۇلار ئۈچۈن مۇسۇلمانلار رىئايە قىلىدىغان ھېچقانداق ئەھدە يوق، ئەكسىچە ئۇلارغا ئىجرا قىلىدىغان يۇقىرىدىكى جازالار بار. لېكىن سىلەر (ھىجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلى ئۆمرىنىڭ قازاسى ئەسناسىدا) ھەرەم مەسجىدىنىڭ يېنىدا ئەھدە تۈزۈشكەن ۋە ئەھدىسىدە تۇرغان مۇشرىكلار ئۇلاردىن مۇستەسنا. بۇ مۇشرىكلار سىلەر بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىسىدە تۇرسىلا، سىلەرمۇ تۇرۇڭلار. ئاللاھ تەقۋادارلارنى، بولۇپمۇ ئەھدىسىدە تۇرغان مۇئمىنلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَيْفَ وَإِنْ يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ لَا يَرْقُبُوا فِيكُمْ إِلًّا وَلَا ذِمَّةً ۚ يُرْضُونَكُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ وَتَأْبَىٰ قُلُوبُهُمْ وَأَكْثَرُهُمْ فَاسِقُونَ
مۇشرىكلار ئەھدىسىگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردا نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدا خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا (ۋەدىسىدە تۇرۇشنى) خالىمايدۇ (يەنى ئاغزىدا چىرايلىق سۆزلىگىنى بىلەن، كۆڭۈللىرى ئاداۋەت، نىفاق بىلەن تولغان). ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار كېلىشىمگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا نە تۇغقانچىلىققىمۇ، كېلىشىمگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى شېرىن گەپلەر خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا بولسا (ئۇنداق قىلىشنى) خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەھدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرگە غالىب كەلسە، سىلەر توغرۇلۇق تۇغقانچىلىققىمۇ، ئەھدىگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. ئۇلار سىلەرنى ئېغىزلىرى بىلەن رازى قىلىدۇ، قەلبلىرى ئۇنىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەھدىسىنى بۇزغان مۇشرىكلار ئۈچۈن سىلەر قانداقمۇ ئەھدىڭلارغا رىئايە قىلىسىلەر؟! ئۇلار ئۈچۈن رىئايە قىلىنىدىغان قانداقمۇ ئەھدە بولسۇن؟! ئۇ مۇشرىكلار شۇنداق قەۋمكى، سىلەرگە غالىب كەلسە، سىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ؛ نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئۇلار سىلەرنى شېرىن سۆزلىرى بىلەن ئالدايدۇ، قەلبلىرىدە سىلەرگە نەپرەت ساقلايدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى شەرمەندىلىككە پەرۋا قىلمايدىغان، شان - شەرىپىنى ساقلاشقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اشْتَرَوْا بِآيَاتِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِهِ ۚ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىدىن) ئەرزىمەس نەرسىلەرگە تېگىشتى، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە سېتىۋەتتى، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
ئۇلار دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى دەپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى، ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلدى ۋە باشقىلارنى ئىسلامغا كىرىشتىن توستى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يَرْقُبُونَ فِي مُؤْمِنٍ إِلًّا وَلَا ذِمَّةً ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُعْتَدُونَ
ئۇلار مۆمىنلەر ھەققىدە نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار (سىلەرگە زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار مۆمىنلەر ھەققىدە تۇغقانچىلىققىمۇ، كېلىشىمگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇئمىن توغرۇلۇق تۇغقانچىلىققىمۇ، ئەھدىگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار مۇئمىننى يوقىتىشقا كۈچى يەتسە ئۇنىڭ بىلەن بولغان تۇغقانچىلىقىغىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدسىگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. ئۇلار زۇلۇمدا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ ۗ وَنُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسە، زاكاتنى بەرسە، سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلار بولىدۇ. بىز بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر ئۇلار كۇفرىلىقتىن تەۋبە قىلسا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسە، زاكاتنى بەرسە سىلەرنىڭ دىنىي قېرىندىشىڭلارغا ئايلىنىدۇ. ئاللاھ ئايەتلىرىنى (نازىل قىلىش ئېتىبارى بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا بايان قىلسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن) پەقەت بىلىپ ئەمەل قىلىدىغان قەۋمگىلا بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 11 - ئايەتلەردە ئەھدىسىدە تۇرغان ۋە تۇرمىغان بارلىق مۇشرىكلارنى تونۇتىدۇ ۋە مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە قىلىنىدىغان مۇئامىلىنى ئۆگىتىدۇ. 12 ~ 16 - ئايەتلەردە، مۇئمىنلارنى، ئەھدىسىنى ئاشكارا بۇزغان مۇشرىكلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇنىڭغا تەرغىب قىلىدۇ، بۇنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ نَكَثُوا أَيْمَانَهُمْ مِنْ بَعْدِ عَهْدِهِمْ وَطَعَنُوا فِي دِينِكُمْ فَقَاتِلُوا أَئِمَّةَ الْكُفْرِ ۙ إِنَّهُمْ لَا أَيْمَانَ لَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَنْتَهُونَ
ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشلىرى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار ۋەدە بەرگەندىن كېيىن قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشى ئۈچۈن، كۇفرغا يېتەكلەيدىغان كاتتىباشلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارغا تىل ئۇزارتسا، ئۇ چاغدا ئۇ كافىرلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەسەملىرىنىڭ ھېچقانداق ئېتىبارى يوق. شۇنداق قىلساڭلار ئۇلار توختايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئۇ مۇشرىكلار سىلەر بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىلىرىنى بۇزغانلىقىنى ئاشكارا قىلسا ۋە دىنىڭلارغا تەنە قىلسا، ئۇلار بۇ تەقدىردە كۇفرىلىقنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە كافىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى بولغان بولىدۇ، چۈنكى ئەھدىسىنى بۇزۇشنى ئويلىغان، لېكىن بۇنى ئاشكارا قىلالماي تۇرغان مۇشرىكلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ئەھدىسنى بۇزغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇ كاتتىباشلارغا قىلچە كەڭچىلىك قىلماي ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ سىلەرگە بەرگەن ئەھدىسىگە رىئايە قىلماڭلار، چۈنكى ئۇلار ئەھدىسىنى ئۆزلىرى بۇزغاچقا ئۇلار ئۈچۈن سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەھدە قالمىغان بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارغا كۇفرىلىقتىن ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشتىن توختىشىنى، شۇنداقلا تەۋبە قىلىپ سېپىڭلارغا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇرۇش ئېچىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَا تُقَاتِلُونَ قَوْمًا نَكَثُوا أَيْمَانَهُمْ وَهَمُّوا بِإِخْرَاجِ الرَّسُولِ وَهُمْ بَدَءُوكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ أَتَخْشَوْنَهُمْ ۚ فَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَوْهُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئەھدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككە) دىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قەستلىگەن ۋە سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قورقۇشۇڭلارغا ئاللاھ ئەڭ لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر (ۋەدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قورقۇشۇڭلارغا ئەڭ لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! قەسەملىرىنى بۇزغان، رەسۇلۇللاھنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان ۋە سىلەرگە قارشى دەسلەپتە ئۇرۇش باشلاتقان قەۋم بىلەن ئۇرۇشمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار قورقۇشۇڭلارغا ئاللاھ ئەڭ لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! (ھۇدەيبىييەدە بەرگەن) ئەھدىسىنى بۇزغان، رەسۇلۇللاھنى يۇرتىدىن (مەككە فەتھى بولغاندىن كېيىن مەككىدىن قايتا) ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ۋە سىلەرگە قارشى دەسلەپتە ئۇرۇش باشلاتقان قەۋم بىلەن ئۇرۇشمامسىلەر! ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئالدىراڭلار. ئۇلاردىن قورقامسىلار؟ قوقماڭلار! ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار قورقۇشۇڭلارغا پەقەت ئاللاھ لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَاتِلُوهُمْ يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ بِأَيْدِيكُمْ وَيُخْزِهِمْ وَيَنْصُرْكُمْ عَلَيْهِمْ وَيَشْفِ صُدُورَ قَوْمٍ مُؤْمِنِينَ
ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلار ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىپ، كاپىرلارنى جازالاپ) مۆمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە شىپالىق (يەنى تەسەللى) بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن) مۆمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن ئۇلارغا ئازاب قىلىدۇ، ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ، ئۇلارغا قارشى سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، مۇئمىن قەۋمنىڭ كۆڭۆللىرىگە تەسەللىي بېرىدۇ — ئەنەس ئالىم
(14-15) ئى مۇئمىنلار! ئەنە شۇ مۇشرىكلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قوللىرىڭلار بىلەن ئازابلايدۇ، ئۇلارنى مەغلۇبىيەت ۋە خورلۇق بىلەن رەسۋا قىلىدۇ، ئۇلارغا قارشى سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، كافىرلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇق، مۇتتەھەملىك ۋە زالىملىقىدىن ئىچى دەرد - ئەلەم ۋە غەم - قايغۇغا توشۇپ كەتكەن مۇئمىن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئارام تاپقۇزىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە يۇتۇپ كەلگەن ئاچچىقلىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇ مۇشرىكلاردىن كىم تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن تەۋبە قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيُذْهِبْ غَيْظَ قُلُوبِهِمْ ۗ وَيَتُوبُ اللَّهُ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ھەم ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەم ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ئۇ مۇئمىن قەۋمنى قەلبلىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تُتْرَكُوا وَلَمَّا يَعْلَمِ اللَّهُ الَّذِينَ جَاهَدُوا مِنْكُمْ وَلَمْ يَتَّخِذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَا رَسُولِهِ وَلَا الْمُؤْمِنِينَ وَلِيجَةً ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ ئاللاھ سىلەردىن جىھاد قىلغان، ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن ۋە مۇئمىنلاردىن باشقىسىنى ئۆزلىرىگە سىرداش قىلىۋالمىغان كىشىلەرنى تېخى بىلمىگەن تۇرسا! ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ جىھاد مەيدانلىرىدا ئىچىڭلاردىكى راستچىلنى يالغانچىدىن، ئىخلاسمەننى رىياكاردىن ۋە سادىقنى ساختىپەزدىن ئايرىماستىن سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە سىلەرنى سىنايدۇ، شۇنداقلا ئىچىڭلاردىكى ھەقىقىي ياخشىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئىزاھاتتا زىكىر قىلىنغاندەك، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمىگە رىئايە قىلماسلىقى نەتىجىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار ھىجرەتنىڭ 8 - سەككىزىنچى يىلى مەدىنىدىن كېلىپ مەككىنى فەتھى قىلغان، شۇنداقلا كەئبىنى بۇتلاردىن تازىلىغان بولسىمۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى ئىش قالغان ئىدى: بىرى كېلىشىمنى بۇزغان مۇشرىكلارنى جازالاش، يەنە بىرى ھەرەم مەسجىدىنىڭ مۇشرىكلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ باتىل ئىبادەتلىرىدىن تازىلىنىشى. ئاللاھ تائالا 1 ~ 16 - ئەھدىسنى بۇزغان مۇشرىكلارغا ھىجرەتنىڭ توققۇزىنچى يىلى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئېتىبارەن تۆت ئايلىق مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى، ئۇلار ناۋادا بۇ مۇددەت توشقۇچە تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىسە جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدىغان جازالارنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەھدىسىنى بۇزمىغان مۇشرىكلار ئۈچۈن مۇئمىنلارنىڭمۇ ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىسىگە مۇددەتنىڭ ئاخىرىغىچە رىئايە قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. 17 - ئايەتتىن باشلاپ 28 - ئايەتكىچە مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقاد، ئەمەل ۋە ئاقىۋەتتە مۇئمىنلار بىلەن ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، شۇڭلاشقا ھەرەم مەسجىدىنىڭ مۇشرىكلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن پاكلىنىشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا كَانَ لِلْمُشْرِكِينَ أَنْ يَعْمُرُوا مَسَاجِدَ اللَّهِ شَاهِدِينَ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ بِالْكُفْرِ ۚ أُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ وَفِي النَّارِ هُمْ خَالِدُونَ
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇقلۇق (يەنى كاپىرلىق بىلەن ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىش بىر ـ بىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ)، (ئۇلارنىڭ) ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرلىقىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ كافىرلىقىغا ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى ئاۋات قىلىش سالاھىيىتى يوقتۇر. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلارنىڭ، شېرىك كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۇرۇپ ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش سالاھىيىتى يوق. مۇشرىكلار ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن ۋە دوزاختا مەڭگۈ قېلىپ ئازاب چېكىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَاجِدَ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَلَمْ يَخْشَ إِلَّا اللَّهَ ۖ فَعَسَىٰ أُولَٰئِكَ أَنْ يَكُونُوا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى مۇكەممەل ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشىدا ئۈمىد بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن ۋە ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. مۇشرىكلار بولسا، شېرىكتىن تەۋبە قىلىپ تەۋھىدنى قوبۇل قىلمىغۇچە قىلغان ياخشى ئىشلىرى بىكار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەسكەرتىش: ھەرەم مەسجىدىنىڭ مۇشرىكلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ باتىل ئىبادەتلىرىدىن پاكلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ سەۋەبى شۇكى، كەئبە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يەر يۈزىدە ئىنسانلار ئۈچۈن بەرىكەت مەنبەسى ۋە ھىدايەت بۇلىقى قىلىپ تەينلەنگەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ تاۋاپ، ئېتىكاپ ۋە رۇكۇئـ - سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇلۇشى لازىم. بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار ئورۇندىغان. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن بولغان تەۋھىد ئەھلىمۇ ئورۇنداپ كەلگەن، لېكىن زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇتپەرەسلىك پەيدا بولۇپ، كېيىنكى نەسىل ھەرەم مەسجىدىنى بۇت ۋە بۇتپەرەسلىك بىلەن مەينەت قىلغان. ئەمدى بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش نۆۋىتى ئۇلارنىڭ نەسىلىدىن چىققان ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مەككە فەتھ بولغاندىن كېيىن بۇ (1 ~ 28 -) ئايەتلەرنى نازىل قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا، ئىسلامغا دەسلەپتە مۇشەررەپ بولغان ساھابىلىرىدىن بىرى بولغان بىر نەۋرە ئىنىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى «ئەڭ چوڭ ھەج كۈنى» بارلىق ئىنسانلار (مۇئمىنلار ۋە مۇشرىكلار)غا ئۇ ئايەتلەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مەككىگە ئەۋەتكەن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان. ئاللاھ تائالا 17 - ۋە 18 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ مەسجىدلەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇش سالاھىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى. بۇ سالاھىيەتنىڭ مۇئمىنلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 19 ~ 22 - ئايەتلەردە بولسا، مۇشرىكلار بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ئېتقادتا، ئەمەلدە ۋە ئاقىۋەتتە ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَجَعَلْتُمْ سِقَايَةَ الْحَاجِّ وَعِمَارَةَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ كَمَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَجَاهَدَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ لَا يَسْتَوُونَ عِنْدَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى،ھەرەم مەسجىدىنى ئاۋات قىلغانلارنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن ئوخشاش دەپ ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ھاجىلارغا سۇ تارقاتقان ۋە مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلغانلارنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن ئوخشاش دەپ قارامسىلەر؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئىچىڭلاردىن ھاجىلارنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلارنى زەمزەم سۈيى بىلەن تەمىنلەش، ھەرەم مەسجىدىنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش ۋە تازىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىلەرنى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەستىن ئىمان كەلتۈرگەن، قىيامەت كۈنىگە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولىدا ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە جىھاد قىلغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاش دەپ قارامسىلەر؟ ئۇ ئىككى پىرقە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى (مۇشرىكلار پىرقىسى) شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىگە، ئاللاھنىڭ يولىدىن ۋە ھەرەم مەسجىدىدىن توسوش بىلەن باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالغان زالىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ أَعْظَمُ دَرَجَةً عِنْدَ اللَّهِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ
ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە پۇل-ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغانلارنىڭ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى دەرىجىلىرى بەك كاتتىدۇر. ئەنە شۇلار چوقۇم نىجاتلىققا ئېرىشكۈچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
يەنە بىرى (مۇئمىنلار پىرقىسى) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاللاھ يولىدا جان - مېلىنى پىدا قىلغان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشكەن ئادىللاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُبَشِّرُهُمْ رَبُّهُمْ بِرَحْمَةٍ مِنْهُ وَرِضْوَانٍ وَجَنَّاتٍ لَهُمْ فِيهَا نَعِيمٌ مُقِيمٌ
پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتكە ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببى ئۇلارغا ئۆز رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە مۇقىم نېمەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
(21-22) ئەنە شۇ ئادىللار قىيامەت كۈنى رەببى ئاللاھ تەرىپىدىن جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا ماددىي - مەنىۋى بارلىق نېمەتلەردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 17 ~ 22 - ئايەتلەردە مۇشرىكلار بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ، مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرىنى، دەرىجىسىنى ۋە مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ. 23 - ۋە 24 - ئايەتتە مۇئمىنلارنىڭ ئۇ دەرىجىگە يېتىش ۋە ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىككى ئىشنى قىلماسلىقىنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ: بىرى ئاتا - ئانا ۋە ئۇرۇق - تۇغقان بولسىمۇ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالماسلىق، يەنە بىرى ھېچبىر نەرسىنى ۋە ھېچبىر كىشىنى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى سۆيۈشتىن ئارتۇق سۆيمەسلىك. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ
ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (ئۇلارغا) كاتتا ساۋاب بار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، (ئۇلارغا) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كاتتا ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا آبَاءَكُمْ وَإِخْوَانَكُمْ أَوْلِيَاءَ إِنِ اسْتَحَبُّوا الْكُفْرَ عَلَى الْإِيمَانِ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە (كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىن كىملەركى، ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر (يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۈنكى مۇشرىكلىككە رازى بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرنى ياخشى كۆرسە، ئۇلارنى يېقىن كىشىلەر ھېسابلىماڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى يېقىن كىشىلەر ھېسابلايدىكەن، ئەنە شۇلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار ۋە قېرىنداشلىرىڭلار، كۇفۇرنى ئىماندىن ئارتۇق كۆرسە ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. سىلەردىن كىم ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاتا - ئانىلىرىڭلار ۋە قېرىنداش - ھەمشىرىلىرىڭلار ئەگەر كۇفرىلىقنى ئىماندىن ئارتۇق كۆرسە، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا دوست، يېقىن، سىرداش ۋە ھامىي قىلىۋالماڭلار. سىلەردىن كىم ئۇنداق قىلىدىكەن، خاتالاشقان ۋە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنْ كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك ـ چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھ ئۆز ئەمرىنى كەلتۈرگىچە كۈتۈپ كۈتۈڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، جۈپلىرىڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار، قولغا كەلتۈرگەن ماللىرىڭلار، كاساتلىشىپ قېلىشىدىن قورقىدىغان تىجارىتىڭلار ۋە ياقتۇرىدىغان ئۆي - جايلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن بەك سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا ئاللاھ ئۆز ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر كۈتۈڭلار! ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاتا - ئاناڭلار، بالا - چاقاڭلار، قېرىنداش - ھەمشىرىلىرىڭلار، يولداشلىرىڭلار (خوتۇنلىرىڭلار ياكى ئەرلىرىڭلار)، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل - ماللىرىڭلار، ئېقىۋاتقان تىجارىتىڭلار ۋە مەستلىكىڭلار كېلىدىغان ئۆي - جايلىرىڭلار قاتارلىقلارغا بولغان سۆيگۈڭلار ئاللاھ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بولغان سۆيگۈڭلاردىن ئارتۇق بولسا، بۇ تەقدىردە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتىدىغان ئىبرەتلىك جازاسىنى كۈتۈڭلار. ئاللاھ توغرا يولدىن چىققان قەۋمنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 23 - ۋە 24 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى، كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتىن توسىدۇ؛ ئاتا - ئانا، بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇغقان، پۇل - مال ۋە ئۆي – جاي ... قاتارلىق نەرسىلەرگە بولغان سۆيگۈسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بولغان سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن بولغانلارنىڭ ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 25 ~ 27 - ئايەتتە بولسا، ئۇلارغا ئىلگىرى ئاتا قىلغان نۇسرەتلىرىنى ئەسلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىنايىتى ۋە نۇسرىتىنىڭ ئەھمىيىتىگە ۋە ئۇلارغا ئېرىشىش يولىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ يول بولسىمۇ ئۆزىنىڭ سان ۋە قورال - ياراغ جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن مەغرۇرلانماسلىق، قولىدىن كەلگەن سەۋەبنى قىلىش، لېكىن زەپەرنى ئاللاھتىن كۈتۈش، ئۈمىدسىزلەنمەستىن ھەق ئۈستىدە ئاداققىچە مۇستەھكەم تۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٍ ۙ وَيَوْمَ حُنَيْنٍ ۙ إِذْ أَعْجَبَتْكُمْ كَثْرَتُكُمْ فَلَمْ تُغْنِ عَنْكُمْ شَيْئًا وَضَاقَتْ عَلَيْكُمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ ثُمَّ وَلَّيْتُمْ مُدْبِرِينَ
ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنا مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين جېڭى كۈنىدە ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، بۇ سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن ئۇرۇش مەيدانلىرىدا نۇسرەت بەردى. ھۇنەين كۈنىدىمۇ نۇسرەت بەردى. ئۇ كۈنى سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، لېكىن كۆپلۈكىڭلار سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىغان ئىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچقان ئىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاتا - بالىلىق، ئانا - بالىلىق ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋەتتىن دىنىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈستۈن تۇتساڭلار، ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھقا ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بولغان سۆيگۈنى ھەممە سۆيگۈدىن ئەلا بىلسەڭلار، شۇنداقلا بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قىلساڭلار، ئىلاھىي ئىنايەت ۋە نۇسرەتكە ئېرىشىسىلەر. مەسىلەن: ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇنلىغان جەڭ مەيدانىدا (بەدىر، بەنى قۇرەيزە، بەنى نەزىر، ھۇدەيبىييە، خەيبەر ۋە مەككىنىڭ فەتھى قاتارلىق غازاتلاردا) نۇسرەت ئاتا قىلدى. «ھۇنەين كۈنى»دىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلدى. ئۇ كۈنى سىلەر كۈچ - قۇۋۋىتىڭلار بىلەن مەغرۇرلانغان ئىدىڭلار، لېكىن كۈچ - قۇۋۋىتىڭلار ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىغان ئىدى ۋە شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار كەلگەنلىكتىن تىكىۋەتكەن ئىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ أَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَنْزَلَ جُنُودًا لَمْ تَرَوْهَا وَعَذَّبَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە سىلەر كۆرۈپ باقمىغان قوشۇنلارنى (يەنى ياردەمچى پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئاللاھ كافىرلارنى ئازابلىدى، كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئاللاھ، ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى چۈشۈردى، سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلارنى چۈشۈردى ۋە كافىرلارنى ئازابلىدى. مانا بۇ كافىرلارنىڭ جازاسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاندىن سىلەر ھوشۇڭلارنى تېپىپ قايتا توپلانغان، جېنىڭلارنىڭ بارىچە ئۇرۇش قىلغان ۋە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغان چېغىڭلاردا ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىنىڭ خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى نازىل قىلدى ۋە سىلەر كۆرەلمەيدىغان قوشۇنلارنى نازىل قىلدى، شۇنداقلا نۇسرەت ئاتا قىلدى. يەنى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىڭلارغا ئىشىنىپ مەغرۇرلانغان چېغىڭلاردا مەغلۇپ بولغان، ئاللاھقا تايانغان ۋە ئىتائەت قىلغان چېغىڭلاردا غالىب كەلگەن ئىدىڭلار. ئەسكەرتىش: «ھۇنەين» - مەككە بىلەن تائىفنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جاي بولۇپ، مەككە فەتھى بولغاندىن كېيىن ئۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن، «ھەۋازىن» ۋە «سەقىف» قەبلىلىرىنىڭ باشچىلىقىدىكى بىرقانچە مۇشرىك قەبىلىسىنىڭ بىرلەشكەن قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولغان. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار باشتا مەغلۇپ بولغان، لېكىن ئاللاھنىڭ ئىنايىتى ۋە ياردىمى بىلەن ئاخىرىدا غالىب كەلگەن. بۇ ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى ۋە قىسقىچە جەريانى تۆۋەندىكىچە: مەككە فەتھ بولغاندىن كېيىن ئەرەب قەبىلىلىرى ئىسلام ھاكىمىيىتىگە ئارقا - ئارقىدىن تەسلىم بولغان بولسىمۇ، تائىف ئەتراپىدىكى ھەۋازىن، سەقىف ۋە بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ ئەتراپىدا بىرلەشكەن بىرقانچە قەبىلە ئۆزىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ تەسلىم بولمىغان. ئۇلار بۇنىڭغا قانائەت قىلماي مۇئمىنلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى قارار قىلىپ، «ھۇنەين»گە يېقىن بولغان «ئەۋتاس» ۋادىسىگە كېلىپ چۈشكەن. بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا يېتىپ كەلگەندە رەسۇلۇللاھ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن ھىجرەتنىڭ سەككىزىنچى يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 6 - كۈنى، يەنى مەككە فەتھىنىڭ 19 - كۈنى، 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئۇلار تەرەپكە ئاتلانغان. ئۇ ئەسنادا بەزىلەر قوشۇننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ «بۈگۈن ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولمايمىز» دەپ تاشلىغان. مۇسۇلمانلار قوشۇنى شۇنداق ماڭغىنىچە شەۋۋال ئېيىنىڭ 10 - كۈنى سەيشەنبە كېچىسى «ھۇنەين» دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەن. لېكىن مالىك ئىبنى ئەۋف قۇماندانلىقى ئاستىدىكى دۈشمەن قوشۇنى ئۇ ۋادىغا مۇسۇلمانلاردىن بۇرۇن كېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك جايلارغا پىستىرما قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدى. مالىك مۇسۇلمانلار ۋادىغا كەلگەندە باشتا ئوق ئېتىش، ئاندىن ئوتتۇرىغا چىقىپ بىردەك ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام، قوشۇنىنى سەھەردە تەرتىپكە سېلىپ يولغا چىقىپ، دۈشمەننىڭ ئەتراپتىكى پىستىرما قىسىملىرىدىن خەۋەرسىز ھالدا «ھۇنەين ۋادىسى»غا كىرىشكە باشلىغان. ئۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىزلا ئوق ياغقان، ئاندىن دۈشمەننىڭ بارلىق قىسىملىرى ئۇلارغا بىردەك ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ تەرەپ - تەرەپكە قىچىشقان ۋە ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بولسا، ئوڭ تەرەپتە تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلار! قايتىپ كېلىڭلار، مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى مۇھەممەد» دېگەن، لېكىن يېنىدا پەقەت مۇھاجىرلاردىن بىرقانچە كىشى ۋە ئائىلە مەنسۇپلىرىلا قالغان ئىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھنىڭ شىجائىتى ئۇرغۇپ قېچىرىنى دۈشمەن تەرەپكە ھەيدىگەن، ئاندىن چۈشۈپ: «ئى ئاللاھ! نۇسرىتىڭنى چۈشۈرگىن» دەپ رەببىگە ئىلتىجا قىلغان، ئاندىن تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى (ئۈنى ئۈنلۈك بولغاچقا) قوشۇننى چاقىرىشقا بۇيرۇغان، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بارلىق قىسىملارنى چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى قايتا توپلانغان ۋە دۈشمەن قوشۇنى بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان، ئۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا ئالاھىدە رەھمىتىنى نازىل قىلغان ۋە مۇسۇلمانلار كۆرەلمەيدىغان قوشۇنلارنى ئەۋەتكەن. نەتىجىدە دۈشمەن مىسلىسىز دەرىجىدە مەغلۇپ بولغان، مۇسۇلمانلار قوشۇنى دۈشمەننىڭ مال - مۈلۈك ۋە قورال - ياراغلىرىنى غەنىيمەت ئالغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ يَتُوبُ اللَّهُ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
شۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە تەۋبىنى نېسىپ قىلىدۇ (يەنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ). ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ خالىغان ئادەمگە تەۋبىنى نېسىپ قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(27-28) ئاللاھ تائالا 17 - ئايەتتە مۇشرىكلارنى ھەرەم مەسجىدىدىن يىراقلاشتۇرۇش لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ توغرىدا ئېنىق ھۆكۈم بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! مۇشرىكلار پەقەت نىجاسەت (پاسكىنا)دۇر، شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ يىل (ھىجرەتنىڭ توققۇزىنچى يىلى)دىن كېيىن ھەرەم مەسجىدىگە كىرىش تۈگۈل، يېقىنمۇ كەلمىسۇن. شۇڭلاشقا سىلەر ئۇلارنى ھەرەم مەسجىدىگە كىرگىلى قويماڭلار. ئەگەر ئۇلارنى ھەرەم مەسجىدىگە يېقىن كەلتۈرمەسلىك بىلەن ئۇلاردىن سىلەرگە يېتىدىغان پايدا - مەنپەئەتلەرنىڭ توختاپ قېلىشىدىن، شۇنداقلا پېقىر بولۇپ قېلىشىڭلاردىن قورقىدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ خالىسا سىلەرنى يېقىندا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن پېقىرلىقتىن قۇتقۇزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ پايدا - مەنپەئەتىڭلارنىڭ قايسى ئىشلاردا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، سىلەرنى پايدا - مەنپەئەتىڭلار بولغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، زىيىنىڭلار بولغان ئىشلاردىن توسىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ فَلَا يَقْرَبُوا الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ بَعْدَ عَامِهِمْ هَٰذَا ۚ وَإِنْ خِفْتُمْ عَيْلَةً فَسَوْفَ يُغْنِيكُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ إِنْ شَاءَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، ئېتىقادى بوزۇق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر. مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيەنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، ئاللاھ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! پەقەت مۇشرىكلار نىجىستۇر، مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار ھەرەم مەسجىدىگە يېقىنلاشمىسۇن. (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەر (مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرمەسلىكى بىلەن) پېقىر بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار، ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ئۇزاققا قالماي ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار نىجىستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ يىلىدىن كېيىن مەسجىدى ھەرەمگە يېقىنلاشمىسۇن. ئەگەر موھتاجلىقتىن قورقساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ خالىسا سىلەرنى ئۆز پەزلى بىلەن بىھاجەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
قَاتِلُوا الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَلَا بِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ مَا حَرَّمَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ الْحَقِّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حَتَّىٰ يُعْطُوا الْجِزْيَةَ عَنْ يَدٍ وَهُمْ صَاغِرُونَ
سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار (يەھۇدىيلار ئۇزەيرىنى ئاللاھنىڭ ئوغلى، ناسارالار ئىيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېتىقاد قىلىمىز دېگەن بىلەنمۇ ئېتىقاد قىلمىغاننىڭ ئورنىدىدۇر) بىلەن، ئاللاھ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ ياۋاشلىق بىلەن كېچىكتۈرمەي جىزيە تۆلىگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان نەرسىنى ھارام دەپ بىلمەيدىغان ۋە توغرا دىننى دىن دەپ قوبۇل قىلمايدىغان يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن تاكى بويۇنلىرىنى پۈكۈپ ئۆز قوللىرى بىلەن جىزيەنى تۆلىگەنگە قەدەر ئۇرۇشۇڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئەھدىسىنى بۇزغان ۋە بۇزمىغان بارلىق مۇشرىكلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، باشقا بىر ئازغۇن پىرقە بولغان ئەھلى كىتابقا قىلىنىدىغان مۇئامىلىنى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە لايىق رەۋىشتە ئىشەنمەيدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان نەرسىنى ھارام دەپ بىلمەيدىغان، ئاللاھنىڭ ھەق دىنى بولغان ئىسلامنى «دىن» دەپ قوبۇل قىلمايدىغان يەھۇدىي ۋە ناسارالار بىلەن، ئۇلار مۇسۇلمان بولۇپ سېپىڭلارغا قېتىلغانغا قەدەر ياكى ھاكىمىيىتىڭلارغا تەسلىم بولۇپ «جىزيە»نى بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇشۇڭلار. ئەسكەرتىش: جىزيە - غەيرىي مۇسۇلمان پۇقرالارنىڭ ھايات ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئېلىنىدىغان مەخسۇس باجدۇر. ئاللاھ تائالا 29 - ئايەتتە يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 30 ~ 33 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَتِ الْيَهُودُ عُزَيْرٌ ابْنُ اللَّهِ وَقَالَتِ النَّصَارَى الْمَسِيحُ ابْنُ اللَّهِ ۖ ذَٰلِكَ قَوْلُهُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ ۖ يُضَاهِئُونَ قَوْلَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۚ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
يەھۇدىيلار: «ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكىلا سۆزدۇر، (بۇ) ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقى ئېنىق تۇرسا) ئۇلار قانداقمۇ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى. ناسارالار: «مەسىھ ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىكى سۆزىدۇر. ئۇلار سۆزلىرىنى ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشىتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يوقاتسۇن. ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟ — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى»، ناسارالار: «مەسىھ - ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەپ، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە بولغان ئېتىقادىنى بۇزدى. بۇ ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئۇلارغا نازىل قىلىنغان ھېچبىر كىتابتا زىكىر قىلىنغىنى ياكى بۇ سۆزنى ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى يوق. بۇ ئىككى تائىپىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن كافىرلارنىڭ ئاللاھ ھەققىدە ئېيتقان ناشايان سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە لەنەت قىلسۇن! ئۇلار شۇنچە ئېنىق ھەقتىن قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، ئابىدلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلارنىڭ يەنە بىر قەبىھلىكى شۇكى ئۇلار ئۆلىما ۋە راھىبلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. مەسىلەن: ئۇلار، ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ سۆزلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ سۆزىگە خىلاپ كەلسىمۇ دىنىي يوليورۇق دەپ قوبۇل قىلدى. ئۇلار مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھنىمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلاردا يەككە - يېگانە ئىلاھ بولغان ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. بۇ تەۋھىد بارلىق ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ئورتاق ھۆكمىدۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُرِيدُونَ أَنْ يُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَيَأْبَى اللَّهُ إِلَّا أَنْ يُتِمَّ نُورَهُ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى (يەنى يالغان ـ ياۋىداق بوھتانلىرى) بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ، كاپىرلار (بۇنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى بەركامال قىلماي قالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ ئاللاھ نۇرىنى چوقۇم تاماملايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(32-33) ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى يەنى ئىسلامنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئاللاھ بولسا، ئۇ كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۆز نۇرىنى چوقۇم تاماملايدۇ: ئۆزىنىڭ دىنى بولغان ئىسلامنى غالىب قىلىدۇ، ئەلچىسىگە ۋە ئۇنىڭ يولىدا توغرا ماڭغانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ، مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۆز دىنىنى بارلىق دىنلارغا غالىب قىلىش ئۈچۈن، ئەلچىسى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نى توغرا يولنى ۋە ھەق دىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان بىلەن ئەۋەتكەن زاتتۇر. ئەسكەرتىش: ئۇزەير - ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىي ئۆلىمالىرىنىڭ چوڭى ۋە سەردارى بولۇپ، تەۋرات قارىيسى ئىدى. ئۇ كىشى، يەھۇدىيلارنى ئاسارەت ھاياتىدىن كېيىن تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان ۋە ئۇلارغا تەۋراتنى قايتا ئۆگەتكەن ئىدى. كۆپچىلىك يەھۇدىي ئۇنى ھۆرمەتلەشتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، «ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېگەن. ئاللاھ تائالا 31 - ئايەتتە يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىما ۋە راھىبلىرىغا چوقۇنىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ تەكەببۇرلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇقتا ھەددىدىن ئېشىپ ئۆزلىرىنى «رەب» ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 34 - ۋە 35 - ئايەتلەردە بولسا، مۇئمىنلارغا، ئۇ ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاچ كۆز ۋە مالغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكى، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇقتا ھەددىدىن ئېشىش بىلەن ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ توغرا يولدا بولۇپ بولمىغانلىقىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئالتۇن - كۈمۈشنى يىغىپ زاكىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ قىيامەت كۈنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەرنىڭ دوزاختا ئۇلارغا سالىدىغان جاپاسىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ
ئاللاھ ھەق دىن (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ (ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۆزىنىڭ ئەلچىسىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۇنى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْأَحْبَارِ وَالرُّهْبَانِ لَيَأْكُلُونَ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۗ وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَا يُنْفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
ئى مۆمىنلەر! ھىبرىلەر ۋە راھىبلاردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن) نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ناھەق يەۋالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلمايدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
(34-35) ئى مۇئمىنلار! بىلىڭلاركى، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ راھىبلىرىنىڭ تولىسى ئىنسانلارنىڭ پۇل - ماللىرىنى ناھەق يەۋالماقتا، ئۇلارنىڭ «بۇلار بىزنىڭ دىنىي زاتلىرىمىز، بىزنى ھەقكە يېتەكلەيدۇ» دېگەن ئىشەنچ بىلەن ئۆزلىرىگە ئەگىشىدىغانلىقىنى سۇيىئىستېمال قىلماقتا، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسماقتىدۇر. ئى مۇھەممەد! ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ زاكىتىنى ئايرىمايدىغانلارغا، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغىن. قىيامەت كۈنى ئۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەر دوزاخنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇ ئادەملەرنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا، «مانا بۇ، سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىرىكتۈرگەن ۋە ھەققىنى ئادا قىلمىغان پۇل - مېلىڭلاردۇر، بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار». ئەسكەرتىش: ئايەتتىكى «تولا» مەنىسىدىكى ئىپادىنىڭ زىكىر قىلىنىشى، يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ھەممە ئۆلىما ۋە راھىبلىرىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ يُحْمَىٰ عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنُوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ ۖ هَٰذَا مَا كَنَزْتُمْ لِأَنْفُسِكُمْ فَذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَكْنِزُونَ
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيالىرىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، بىقىنىلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار، يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ دەردىنى تارتىڭلار» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
يىغىلغان بۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ پېشانىلىرى، بېقىنلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان خەزىنىدۇر. ئەمدى يىغقان خەزىنەڭلەرنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِنْدَ اللَّهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْرًا فِي كِتَابِ اللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ ۚ فَلَا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنْفُسَكُمْ ۚ وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار، مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىدە بولۇڭلار) — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ئون ئىككىدۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر، بۇ ئايلاردا ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىپ) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار. مۇشرىكلار سىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئايلارنىڭ سانى، ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان كۈندىكى ھۆكمىگە ئاساسەن ئون ئىككى ئايدۇر. بۇلاردىن تۆتى ھارام ئايلاردۇر[1]. مانا بۇ توغرا دىندۇر. ئۇنداقتا ئۇ ئايلاردا ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار[2]. مۇشرىكلار سىلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقاندەك، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(36-37) ئاللاھ تائالا قۇياشنى ئىسسىقلىق ۋە نۇر مەنبەسى، ئاينى قۇياشنىڭ نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلىپ ياراتقان. شۇنىڭدەك، ئايغا مەنزىللەر بەلگىلەپ، ئاي ئۇ مەنزىللىرىدىن بىر قېتىم ئۆتۈپ باشقا يانغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنى بىر ئاي، بۇنىڭ 12 قېتىم تەكرارلىنىشىنى بىر يىل قىلىپ بېكىتكەن. بۇ 12 ئاينىڭ ئىچىدىن تۆت ئاينى «ھۆرمەتلىك ئاي» قىلىپ، ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلغان. يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلار ئۆز مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنە شۇ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ ۋاقتىنى ئالماشتۇرغان، چۈنكى ئايلار ئاللاھ بەلگىلىگەن بويىچە قەمەرىيە بىلەن ھېسابلانغاندا ھەج مەۋسۇمى ئۆزگىرىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭچە بۇ ئەھۋال بەزىدە تىجارەتكە مۇۋاپىق كەلمەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئۇلارنىڭ خالىغان چېغىدا ئۇرۇش قىلىش، خالىغان چېغىدا تىنچلىقتا ياشاش ۋە سەپەرگە چىقىش ئەركىنلىكىگىمۇ توسالغۇ بولاتتى. شۇڭلاشقا مەزكۇر ئۈچ تائىپە ئۇ ئايلارنى ئۆزلىرى خالىغان بويىچە كېچىكتۈرۈپ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى، لېكىن ئۆزلىرىنىڭچە «ئۇرۇش ھارام قىلىنغان تۆت ئاي» يەنە تۆت ئاي بولۇپ قېلىۋەرگەنلىكى ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى چۈشىنەتتى. ئاللاھ تائالا 30 ~ 34 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ، يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ باشقا قەبىھلىكلىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ (36 - ۋە 37 -) ئايەتلەردە ئايلارنىڭ سانىنىڭ ئون ئىككى ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن تۆت ئاينىڭ «ھارام ئايلار» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ۋە مەزكۇر ئۈچ تائىپىنىڭ بۇ ھارام ئايلارنى كەينىگە تارتىشتىن ئىبارەت ئورتاق قەبىھلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، شۇنداقلا مۇئمىنلارغا بۇ ھەقتە يوليورۇق بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىر يىلنىڭ ئايلىرىنىڭ سانى ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان كۈندە يازغان ھۆكمىدە ئون ئىككىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تۆت ئاي «ھارام ئايلار»دۇر، بۇ تۆت ئاينى «ھارام ئايلار» دەپ بىلىش، شۇنداقلا ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلماسلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈمگە بويسۇنۇش توغرا دىندۇر. ئى مۇئمىنلار! ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشنى ھالال ساناش ياكى دۈشمەن ھۇجۇمىنى مۇداپىئە قىلىشتىن باش تارتىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. ئى مۇئمىنلار! مۇشرىكلار جامائەسى سىلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىڭلار. يەنى ئۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلىشتىن چەكلەش، ئۇ ئايلاردا دۈشمەن ھۇجۇم قىلسا ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى مۇداپىئە قىلماسلىق لازىملىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. شۇڭلاشقا سىلەر ئۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىگە رىئايە قىلىڭلار، لېكىن مۇشرىكلار ئۇ ئايلاردا سىلەرگە ھۇجۇم قىلسا، سىلەر ئۇ ئايلاردا ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئارقىلىق مۇداپىئە قىلىڭلار، چۈنكى ھاراملارغا ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا رىئايە قىلىشى كېرەك. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا النَّسِيءُ زِيَادَةٌ فِي الْكُفْرِ ۖ يُضَلُّ بِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا يُحِلُّونَهُ عَامًا وَيُحَرِّمُونَهُ عَامًا لِيُوَاطِئُوا عِدَّةَ مَا حَرَّمَ اللَّهُ فَيُحِلُّوا مَا حَرَّمَ اللَّهُ ۚ زُيِّنَ لَهُمْ سُوءُ أَعْمَالِهِمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
ئاينى ئارقىغا سۈرۈش (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى باشقا بىر ئايغا ئۆزگەرتىپ، يىلنىڭ 12 ئېيىنى 13 ئايغا كۆپەيتىش) كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ئازدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان) ئاينى ئارقىغا سۈرۈش ھەقىقەتەن كۇفردا ھەددىدىن ئېشىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن كافىرلار ئازدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىلى ھارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ھارام ئايلاردىكى ئۇرۇش چەكلىمىسىنى باشقا ئايلارغا كېچىكتۈرۈش كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەنلىكتۇر. كافىرلار مۇشۇنداق ئازدۇرۇلىدۇ. ئۇلار[3] ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلىدۇ، يەنە بىر يىل ھارام قىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلىدۇ. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇرۇشنىڭ ھاراملىقىنى، بەلگىلەنگەن ئايدىن باشقا بىر ئايغا كېچىكتۈرۈش كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىك بولۇپ، بۇ ئىش بىلەن كافىرلارنىڭ ئازغۇنلۇقى قاتمۇقات ئارتىدۇ. ئۇ كافىرلار، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى، ئۆزلىرىنىڭچە ئاللاھ ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بىر يىل ھالال، بىر يىل ھارام ھېسابلايدۇ. يەنى ئۇلار ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشنى خالىسا، ئۇ ئاينى «ھالال ئاي» ھېسابلايدۇ، ئۇرۇش ھالال قىلىنغان ئاينى ئۇ ئاينىڭ ئورنىغا «ھارام ئاي» ھېسابلايدۇ ۋە: «ئاي ئايغا تەڭ» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينىڭ كەينىگە ياكى ئالدىغا ئېلىنىشىنىڭ بىرەر يامان تەرىپى يوق، مۇھىمى بىر يىل ئىچىدە تۆت ئاينىڭ «ھارام ئاي» ھېسابلىنىشىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىگە (شەيتان ۋە نەپسى خاھىشى تەرىپىدىن) چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ ئەنە شۇنداق كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن قەۋمنى نىجاتلىق ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ. ئەسكەرتىش: ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار - رەجەب ( 7 - ئاي)، زۇلقەئدە (11 - ئاي)، زۇلھەججە (12 - ئاي) ۋە مۇھەررەم (1 - ئاي) ئايلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا 29 ~ 37 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى مۇئەييەن سۈپەتتىكى ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىدۇ. 38 ~ 42 - ئايەتلەردە بولسا، مۇئمىنلارنى ئۆزىنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ، ئۇرۇش قىلىش خۇشياقمىغانلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇرۇش قىلمىغان تەقدىردە ئۆزلىرىنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم قىلسۇن قىلمىسۇن، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىلگىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. جىھادقا چاقىرىلغاندا ھەرقانداق شارائىتتا چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ جان - مېلى بىلەن جىھاد قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. مۇنافىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. تەپسىرلەردە 29 - ئايەت، بۇ ئايەتلەر ۋە كېيىنكى ئايەتنىڭ «تەبۇك غازىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَا لَكُمْ إِذَا قِيلَ لَكُمُ انْفِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ اثَّاقَلْتُمْ إِلَى الْأَرْضِ ۚ أَرَضِيتُمْ بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا مِنَ الْآخِرَةِ ۚ فَمَا مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فِي الْآخِرَةِ إِلَّا قَلِيلٌ
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغىڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى (بەخت) بىلەن تېگىشىشكە رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، (پايدىسى) ئاز نەرسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغۇڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى بەخت بىلەن تېگىشىشكە رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەقەت ئەرزىمەس نەرسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! نېمە بولدۇڭلاركىن، سىلەرگە: «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقا چىقىڭلار» دېيىلسە، راھەتنى دەپ سۆرەلمىلىك قىلىسىلەر؟ ئاخىرەتتىن ۋاز كېچىپ دۇنيا ھاياتىغا رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتى ئاخىرەتنىڭ يېنىدا بەك ئازدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ سىلەرگە «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقا چىقىڭلار» دېسە، بەزىڭلار ئۇرۇشقا چىقىشقا قىزىقمايۋاتىسىلەر، سۇس ھەرىكەت قىلىۋاتىسىلەر ۋە ئېتىبارسىز قاراۋاتىسىلەر. بۇ قىلمىشىڭلار سىلەرگە ياراشمايدۇ. ئەجەبا، سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمىتىدىن ئەلا بىلدىڭلارمۇ؟! ئۇنداق بولسا بىلىڭلاركى، دۇنيا مەنپەئەتى ئاخىرەت مەنپەئەتىنىڭ يېنىدا ناھايىتى ئاددىي ۋە ئىنتايىن ئاز مەنپەئەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا تَنْفِرُوا يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَيَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّوهُ شَيْئًا ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. چۈنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇرۇشقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ ۋە سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىشقا چىقمىساڭلار ئاللاھ سىلەرنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ، سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ ئورنۇڭلارغا رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقا چىقىدىغان قەۋملەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق بىلەن ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا تَنْصُرُوهُ فَقَدْ نَصَرَهُ اللَّهُ إِذْ أَخْرَجَهُ الَّذِينَ كَفَرُوا ثَانِيَ اثْنَيْنِ إِذْ هُمَا فِي الْغَارِ إِذْ يَقُولُ لِصَاحِبِهِ لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّهَ مَعَنَا ۖ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَيْهِ وَأَيَّدَهُ بِجُنُودٍ لَمْ تَرَوْهَا وَجَعَلَ كَلِمَةَ الَّذِينَ كَفَرُوا السُّفْلَىٰ ۗ وَكَلِمَةُ اللَّهِ هِيَ الْعُلْيَا ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى (يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى (يەنى كەلىمە تەۋھىد) ئۈستۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى (مەككىدىن) پەقەت بىرلا كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەيدەپ چىقارغاندا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردىكى ۋاقتىدا (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دېگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغان، ئۇنىڭغا سىلەر كۆرمىگەن (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەرگەن، كافىرلارنىڭ سۆزىنى ئەڭ پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزى بولسا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ياردەم قىلمىساڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياردەم قىلدى[4]. ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ھالىتىدە يۇرتىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. ئۇ ھەمراھىغا: «قايغۇرمىغىن، ئاللاھ چوقۇم بىز بىلەن بىللىدۇر» دېگەن ئىدى. ئۇ ئەسنادا ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇنى سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلار بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدى. كافىرلارنىڭ سۆزىنى پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزىلا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر رەسۇلۇللاھقا ياردەم بەرمىسەڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىلگىرىمۇ كافىرلار مەككىدىن چىقىرىۋەتكەن چاغدا ياردەم بەرگەن، يەنى ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ: «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقا چىقىڭلار» دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقا چىقمىساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇنى مەككە مۇشرىكلىرى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەن چاغدىكى ئەڭ ئېغىر كۈنىدە ياردەم قىلغان رەببى ئۇنىڭغا يەنە ياردەم قىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشمەسلىك بىلەن ئۆزۈڭلار زىيان تارتىسىلەر! ئۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت دوستى (ئەبۇبەكرى)لا بار ئىدى، ئىككىسى قوغلاپ كەلگەن مۇشرىكلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن غارغا يوشۇرۇنغان ئىدى. دوستى ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئەنسىرىگەندە ئۇ دوستىغا: «قايغۇرمىغىن، غەمكىن بولمىغىن، بىئارام بولمىغىن، چۈنكى ئاللاھ بىز بىلەن بىللىدۇر» دېگەن. ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلغان ۋە ئۇنىڭغا سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلار بىلەن ياردەم بەرگەن. نەتىجىدە كافىرلارنىڭ شەۋكىتى يوقالغان، ئاللاھنىڭ سۆزى غالىب كەلگەن. ئاللاھ تەڭداشسىز كۈچ ۋە قۇدرەت ئىگىسى بولۇپ ھەرگىزمۇ يېڭىلمەيدۇ، ھېكمەت ئىگىسى بولۇپ پىلانى ھەرگىزمۇ بۇزۇلمايدۇ ۋە نەتىجىسىز قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
انْفِرُوا خِفَافًا وَثِقَالًا وَجَاهِدُوا بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يىنىك بولغان ياكى ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش ـ قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار ، ئوڭۇشلۇق ۋە قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار ، ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز بولۇڭلار ، ھەممە ئەھۋالدا) جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يەڭگىل بولغان ھالەتتىمۇ، ئېغىر بولغان ھالەتتىمۇ جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل-مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، مۇشۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
يېنىك بولغان ۋە ئېغىر بولغان ھالىتىڭلاردا ئۇرۇشقا چىقىڭلار. ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلار بىلەن ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! جىھادقا چاقىرىلساڭلار، قانداق ئەھۋال ئاستىدا بولساڭلار بولۇڭلار چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ جان - مېلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. بىلىدىغان بولساڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَوْ كَانَ عَرَضًا قَرِيبًا وَسَفَرًا قَاصِدًا لَاتَّبَعُوكَ وَلَٰكِنْ بَعُدَتْ عَلَيْهِمُ الشُّقَّةُ ۚ وَسَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَوِ اسْتَطَعْنَا لَخَرَجْنَا مَعَكُمْ يُهْلِكُونَ أَنْفُسَهُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
ئەگەر (ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يىراق ئەمەس) ئوتتۇراھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ (غەنىيمەت ئېلىش مەقسىتىدە) چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار (يالغان قەسەملىرى تۈپەيلىدىن) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار دەۋەت قىلىنغان بۇ ئىش ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە ئوتتۇراھال (ئۇزاق بولمىغان) سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەپ ئاللاھنىڭ نامىدا قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇ يېقىن دۇنيا مەنپەئەتى ۋە ئوتتۇراھال سەپەر بولسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگەشكەن بولاتتى. لېكىن بۇ مۇشەققەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇساپە ئۇلارغا يىراق كەلدى. يېقىندا ئۇلار: «ئەگەر كۈچىمىز يەتسە ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن جىھادقا چاقىرغان چاغدا ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلار، ئەگەر سەن چاقىرغان نەرسە دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن ئاسان قولغا كېلىدىغان بىرەر مەنپەئەت بولغان ياكى بارىدىغان جاي يېقىن مۇساپىدە بولغان بولسا، ئۇلار ساڭا چوقۇم ئەگەشكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلارغا «تەبۇك غازىتى»غا چاقىرىلغاندا مۇساپە يىراق، ئىسسىقتا مېڭىش مۇشەققەتلىك كەلدى - دە، باھانە كۆرسىتىپ ئايرىلىپ قالدى. ئى مۇھەممەد! سىلەر بۇ غازاتتىن قايتىپ مەدىنىگە بارغان چېغىڭلاردا ئۇ مۇنافىقلار: ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلار بۇ مۇنافىقلىق ۋە يالغانچىلىق بىلەن ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنى ۋە يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا جازالايدۇ. «تەبۇك غازىتى»نىڭ سەۋەبى ۋە قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: مەككە فەتھى بولغاندىن كېيىن، ئۇ دەۋردە ھەربىي كۈچى ئەڭ زور بولغان ﺷﻪﺭقىي ﺭﯨﻢ ئىمپېرىيەسى (ﺑﯧﺰﺍﻧﺲ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮىيىسى)نىڭ ئىمپېراتورى ھېرەقلېئۇس «مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى يوقىتىۋېتىش لازىم، بولمىسا بېشىمىزغا بالا بولىدۇ» دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن رىملىقلاردىن ۋە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىدىن قىرىق مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن تەشكىللىگەن ۋە ئۇلار بىلەن يولغا چىقىپ «بەلقا (ئىئوردانىيەدە بىر رايون)»غا يېتىپ كەلگەن. بۇ ئەھۋالنىڭ خەۋىرى مەدىنىگە كېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ تەشۋىش، ئەندىشە ۋە ئارامسىزلىققا چۆمۈشىگە سەۋەبچى بولغان. بۇ خەۋەر ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ مەدىنىدە ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا، ئۇلارغا سەل قارالسا ۋە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى مۇداپىئە قىلىنمىسا مەيدانغا كېلىدىغان پاجىئەنى تونۇپ يېتىپ، مۇسۇلمانلارنى غازاتقا تەييارلىنىشقا ئاشكارا بۇيرۇغان. شۇنىڭدەك، مەككىگە ۋە ئەرەب قەبىلىلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنىمۇ تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇ ئىلگىرىكى غازاتلاردا دۈشمەن تۇيۇپ قالمىسۇن دەپ غازاتقا چىقىدىغانلىقىنى مەخپىي تۇتسىمۇ بۇ قېتىم يول ئۇزۇن، دۈشمەن كۆپ بولغاچقا غازاتقا چىقىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان، مۇسۇلمانلارنى غازاتقا چىقىشقا ۋە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشقا تەرغىب قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا بەس - بەستە ئەگىشىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەر تەرەپتىن مەدىنىگە كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن ئوتتۇز مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەنگەن، نۇرغۇنلىغان پۇل - مال يىغىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇئە نھۇنى، ئائىلىسىگە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ، قوشۇننى باشلاپ مەدىنىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان، مەدىنە - سۈرىيە تىجارەت يولى ئۈستىگە ۋە مەدىنىدىن 700 (يەتتە يۈز) كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان «تەبۇك» رايونىغا قاراپ يولغا ئاتلانغان. سەپەرۋەرلىك ئېلانى بىلەن ھەرقانچە كۆپ پۇل - مال يىغىلغان بولسىمۇ ئەسكەرنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقتىن ئۇلاغ ۋە ئوزۇقلۇق قىيىنچىلىقى تولۇق ھەل بولمىغان. بۇ سەۋەبتىن يولدا مۇسۇلمانلار قوشۇنىدىن بىرقانچە كىشى بىر ئۇلاغقا نۆۋەتلىشىپ مىنگەن، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق قىيىنچىلىقى تارتقان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قىلچە بوشاپ قالماستىن شۇ ماڭغىنىچە «تەبۇك»قا كېلىپ توختىغان ۋە شۇ يەرگە بارگاھ قۇرغان، چۈنكى ئۇ يەر دۈشمەن بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوشۇنغا ناھايىتى تەسىرلىك بىر نۇتۇق سۆزلەپ ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرگەن، ئۇلارغا ئۇلاغ، ئوزۇقلۇق ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنىڭ كەملىكىدىن تارتقان قىيىنچىلىقى ئۈچۈن تەسەللىي بەرگەن. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار قوشۇنى جەڭگە تەييار ھالەتكە كەلگەن ۋە پەيتنى كۈتۈپ تۇرغان. رىملىقلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا كەلسەك، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇن باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جاسارەت قىلالماي كەينىگە چېكىنىپ تارقىلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ۋە يىراق ئەتراپقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسكىرىي جەھەتتىكى داڭقى يېيىلغان. ئۇلار بۇ سايىدا سىياسىي جەھەتتىن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «تەبۇك»تا تۇرۇۋاتقان ئەسنادا ئەتراپتىكى قەبىلىلەرگە ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا ياكى «جىزيە» تۆلەش بەددىلىگە ھىمايىسىگە كىرىشكە دەۋەت قىلىپ ئەلچى ئەۋەتكەن. ئۇلار دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى تۈزۈشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى «جىزيە - باج» تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ھىمايىسىگە ئالغان ۋە بۇ توغرىدا ئۇلارغا ئەھدىنامە يېزىپ بەرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن رىملىقلارغا قاراشلىق قەبىلىلەر ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ مۇسۇلمانلارغا ئەل بولغان. نەتىجىدە ئىسلام دۆلىتىنىڭ چېگراسى كېڭىيىپ رىملىقلارنىڭ چېگراسىغىچە بىۋاسىتە تۇتاشقان. مۇسۇلمانلار قوشۇنى «تەبۇك»تا ئەنە شۇ زەپەرلەرگە ئېرىشىپ ھېچقانداق زىيان - زەخمەتكە يولۇقماستىن مەدىنىگە ساق - سالامەت قايتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار قوشۇنى «تەبۇك»قا، ھىجرەتنىڭ توققۇزىنچى يىلى رەجەب ئېيىدا چىقىپ رامىزان ئېيىدا قايتقان ۋە «تەبۇك»تا 20 (يىگىرمە) كۈن تۇرغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوشۇنى بىلەن «تەبۇك غازىتى»غا مېڭىش ئالدىدا بىر گۇرۇھ مۇنافىق ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، قوشۇندىن ئايرىلىپ قېلىش، شۇنداقلا بۇ غازاتقا قاتناشماسلىق توغرىسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت سورىغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئۆزرىسى بارمۇ يوقمۇ ئېنىقلىماستىن رۇخسەت بەرگەن. ئاللاھ تائالا 43 ~ 49 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۇلارغا كۆرسەتكەن باھانىلىرىنى ئېنىقلىماستىن رۇخسەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەيدۇ، ئۇنىڭغا مەزكۇر مۇنافىقلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ غازاتقا قاتنىشىش ئۈچۈن چىققان تەقدىردە سالىدىغان زىيىنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ مۇنافىقلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
عَفَا اللَّهُ عَنْكَ لِمَ أَذِنْتَ لَهُمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَتَعْلَمَ الْكَاذِبِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار بىلەن يالغانچىلار (ساڭا ئېنىق بولمىغىچە نېمىشقا ئۇلارغا چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە ۋە سەن يالغانچىلارنى بىلمىگۈچە، نېمىشقا ئۇلارغا (چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سېنى ئەپۇ قىلسۇن! راستچىللار ساڭا ئېنىق بولماستىن ۋە سەن يالغانچىلارنى بىلمەستىن نېمىشقا ئۇلارغا رۇخسەت بەردىڭ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھ سېنى ئەپۇ قىلسۇن! سەن ئۇلارغا قانداقمۇ رۇخسەت بېرىسەن؟ سەن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ راست ئۆزرىلىكلەر بىلەن يالغانچىلارنى ئايرىپ بىلمەستىن ئۇلارغا نېمىشقا رۇخسەت بەردىڭ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يَسْتَأْذِنُكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أَنْ يُجَاهِدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالْمُتَّقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلار سەندىن ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشقا رۇخسەت سورىمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلار سەندىن پۇل-ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد چىقىشتىن رۇخسەت سورىمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر، ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشقا سەندىن رۇخسەت سورىمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە لايىق رەۋىشتە ئىشەنگەنلەر جان - مېلى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش توغرىسىدا سەندىن رۇخسەت سورىمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزنى جىھادقا دەۋەت قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ جىھادقا قاتنىشىشىمىز لازىم» دەپ جان - مېلى بىلەن جىھاد قىلىشقا ئالدىرايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىمانى ئۇلاردىن بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ بۇ تەقۋادارلارنىڭ خالىس نىيەت ۋە سەمىمىي ھەرىكىتىنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا يَسْتَأْذِنُكَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَارْتَابَتْ قُلُوبُهُمْ فَهُمْ فِي رَيْبِهِمْ يَتَرَدَّدُونَ
(ئى مۇھەممەد!) پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇمانى بارلار سەندىن رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد) سەندىن پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەم دىلىدا گۇمانى بار كىشىلەرلا رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان، قەلبلىرىگە گۇمان چۈشۈپ بۇ گۇمانلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرلا سەندىن رۇخسەت سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە لايىق رەۋىشتە ئىشەنمەيدىغان، قەلبلىرى دائىم شەك - شۈبھە ئىچىدە بولۇپ، ئۆزلىرى تېڭىرقاپ يۈرىدىغان كىشىلەرلا سەندىن رۇخسەت سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ أَرَادُوا الْخُرُوجَ لَأَعَدُّوا لَهُ عُدَّةً وَلَٰكِنْ كَرِهَ اللَّهُ انْبِعَاثَهُمْ فَثَبَّطَهُمْ وَقِيلَ اقْعُدُوا مَعَ الْقَاعِدِينَ
ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، شۇڭا ئۇلارنى (جىھادقا چىقىشتىن) توختىتىپ قويدى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىشنى ئىرادە قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى توستى. ئۇلارغا: «ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇڭلار» دېيىلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇ مۇنافىقلارنىڭ سەن بىلەن جىھادقا چىقىش توغرىسىدا نىيىتى بولسا ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە ئۇرۇش تەييارلىقى ھازىرلىغان ۋە چىقىشقا ئىنتىلگەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، چۈنكى ئۇلار چىققان تەقدىردە سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا ئىش قىلاتتى، ئاللاھ بۇنى خالىمىدى. شۇڭلاشقا ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇزۇق نىيەتلىرى ۋە سەمىمىيەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقىش ئىرادىسىنى بوشىتىۋەتتى، ئۇلارغا «جىھادقا چىقماي ئۆيىدە ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَوْ خَرَجُوا فِيكُمْ مَا زَادُوكُمْ إِلَّا خَبَالًا وَلَأَوْضَعُوا خِلَالَكُمْ يَبْغُونَكُمُ الْفِتْنَةَ وَفِيكُمْ سَمَّاعُونَ لَهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە ـ پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغانلار بار. ئاللاھ زالىملارنى (يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئىچى ـ تېشىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە ـ پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك قىلاتتى. ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى بار، ئاللاھ (ئۇنداق) زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىقسا ئىدى، بۇزغۇنچىلىقنى كۆپەيتىشتىن باشقا ئىش قىلمايتتى ۋە سىلەرنى بۆلمەك ئۈچۈن ئاراڭلاردا چېپىپ يۈرەتتى. ئىچىڭلاردا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالىدىغانلار بار ئىدى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئۇ مۇنافىقلار سىلەر بىلەن بىللە غازاتقا چىققان بولسا ئىدى، سىلەرنىڭ كۈچۈڭلارنى ئارتتۇرۇش تۈگۈل، سىلەرنى ئاجىزلاشتۇراتتى، ئىچىڭلاردا پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ ئاراڭلارنى بۇزاتتى، چۈنكى ئىچىڭلاردا ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئالدىنىدىغان ۋە دەۋىتىنى قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەر بار ئىدى. ئاللاھ ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش ۋە مۇئمىنلارغا يامانلىق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئۇ مۇنافىقلارنى بىلىدۇ، شۇڭلاشقا سىلەرگە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش يولىنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغان تەقدىردىكى زىيانلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدِ ابْتَغَوُا الْفِتْنَةَ مِنْ قَبْلُ وَقَلَّبُوا لَكَ الْأُمُورَ حَتَّىٰ جَاءَ الْحَقُّ وَظَهَرَ أَمْرُ اللَّهِ وَهُمْ كَارِهُونَ
ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئىلگىرىمۇ بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان ۋە ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى قىلىشقان ئىدى. ئاخىرىدا ھەق كەلدى ۋە ئۇلار يامان كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى غەلىبە قىلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلار ئىلگىرى ئىچىڭلاردا پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ ئاراڭلارنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان، ساڭا سۇيىقەستلەرنى پىلانلىغان، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ يامان كۆرۈشىگە قارىماي ساڭا ياردەم بېرىپ ھەقنى غالىب قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ ائْذَنْ لِي وَلَا تَفْتِنِّي ۚ أَلَا فِي الْفِتْنَةِ سَقَطُوا ۗ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةٌ بِالْكَافِرِينَ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا (يەنى مېنىڭ قېلىشىمغا) رۇخسەت قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن» دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمەلدە ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت چوڭ) بالاغا گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى ئوراپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا رۇخسەت قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن» دېگۈچىلەرمۇ بار. دىققەت! ئەمەلىيەتتە ئۇلار بالاغا گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى ئوراپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن شۇنداق كىشى باركى: «ماڭا رۇخسەت بەرگىن، مېنى پىتنىگە چۈشۈرمىگىن» دەيدۇ[5]. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار پىتنىگە چۈشتى. جەھەننەم كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر[6]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلارنىڭ بەزىسى ساڭا: «غازاتقا چىقماسلىق توغرىسىدا ماڭا رۇخسەت بەرگىن، مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىغىن» دەيدۇ. ئاگاھ بولغىنكى، ئۇلار بۇنداق باھانە كۆرسىتىش ۋە غازاتقا چىقماسلىق بىلەن ئۆزلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈردى (ئۆزلىرىنى يالغاندىن ئۆزرىلىك كۆرسىتىپ رۇخسەت سوراش بىلەن گۇناھكار بولۇشقا ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قېلىشقا تېگىشلىك قىلدى). قىيامەت كۈنى ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 42 ~ 49 - ئايەتلەردە «تەبۇك غازىتى»دىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە رەزىللىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ. 50 ~ 52 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ مۇئمىنلار بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە ئىچى تارلىق قىلىش، بىرەر يامانلىققا يولۇقسا ئىچى قارىلىق قىلىشتىن ئىبارەت رەزىللىكىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ ئىچى قارىلىق قىلىپ ئېيتقان سۆزىگە جاۋاب بېرىشكە، ئۇلارغا مۇئمىنلارنىڭ ھەر ھالدا ياخشىلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىشكە ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ تُصِبْكَ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ ۖ وَإِنْ تُصِبْكَ مُصِيبَةٌ يَقُولُوا قَدْ أَخَذْنَا أَمْرَنَا مِنْ قَبْلُ وَيَتَوَلَّوْا وَهُمْ فَرِحُونَ
ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. ئەگەر بېشىڭغا بىرەر مۇسىبەت كەلسە، ئۇلار «ھەرنېمە بولسا بىز ئالدىن تەدبىرىمىزنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىدۇ ۋە كۆرەڭلىگەن ھالدا قايتىپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلار سىلەرنىڭ جاپا - مۇشەققەت تارتىشىڭلارنىلا خالايدۇ. شۇڭلاشقا سىلەر غەلىبە، غەنىيمەت، ياكى دۈشمەننىڭ ئۇرۇشسىز تەسلىم بولۇشىغا ئوخشىغان بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭلار ئۇلار ئازابلىنىدۇ. سىلەر يارىدارلىنىش، ئۆلتۈرۈلۈش، مەغلۇپ بولۇشقا ئوخشىغان بىرەر مۇسىبەتكە يولۇقساڭلار ئۇلار سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، «ھەرنېمە بولسا ئالدىنئالا تەدبىر ئېلىپ چىقماپتىكەنمىز» دەپ تاشلايدۇ ۋە گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ھالدا ئۆيىگە قايتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لَنْ يُصِيبَنَا إِلَّا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَنَا هُوَ مَوْلَانَا ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن)» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «بېشىمىزغا پەقەت ئاللاھ بىز ئۈچۈن يازغان نەرسىلا كېلىدۇ. ئاللاھ بىزنىڭ ئىگىمىزدۇر. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلارغا ئېيتقىنكى: «بىزگە ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن قانداق نەرسە يەتسە ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېتىدۇ، بىز ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رازىمىز، ئۇ بىز ئۈچۈن نېمىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرسا بىز ئۈچۈن ئۇ خەيرلىكتۇر، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىگىمىزدۇر. شۇڭلاشقا بىز ياخشىلىق يەتسە مەغرۇرلانمايمىز، يامانلىق يەتسە ھەسرەت چەكمەيمىز، بىزنىڭ بارلىق ئىشىمىزنى ئاللاھ باشقۇرىدۇ. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تايانسۇن!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ هَلْ تَرَبَّصُونَ بِنَا إِلَّا إِحْدَى الْحُسْنَيَيْنِ ۖ وَنَحْنُ نَتَرَبَّصُ بِكُمْ أَنْ يُصِيبَكُمُ اللَّهُ بِعَذَابٍ مِنْ عِنْدِهِ أَوْ بِأَيْدِينَا ۖ فَتَرَبَّصُوا إِنَّا مَعَكُمْ مُتَرَبِّصُونَ
ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتەيلى» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «سىلەر پەقەت بىزنىڭ -غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت- ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەرمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «سىلەر بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىككى ئاقىۋەتنىڭ بىرىنىلا كۈتۈۋاتىسىلەر. بىز بولساق، سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يا ئۆز تەرىپىدىن ياكى بىزنىڭ قولىمىز بىلەن سىلەرگە ئازاب يەتكۈزىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئۇنداقتا كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتمەكتىمىز». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىنكى: «سىلەر بىزگە ئەڭ ياخشى ئىككى ئاقىۋەتتىن بىرنىلا كۈتسەڭلار بولىدۇ: يا غەلىبە، غەنىيمەت ۋە ھاكىمىيەت ياكى شېھىتلىك، جەننەت ۋە مەڭگۈ بەخت - سائادەت. ئى مۇنافىقلار! بىز سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئۆز تەرىپىدىن بىرەر ئازاب ئەۋەتىپ سىلەرنى ھالاك قىلىشىنى ياكى سىلەرنى بىزنىڭ قوللىرىمىز بىلەن خورلۇق يەتكۈزۈپ ئازابلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئۇنداقتا سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى كۈتمەكتىمىز». ئاللاھ تائالا 52 - ئايەتتە مۇنافىقلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ. 53 ~ 55 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ھېچبىر ياخشى ئەمىلىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا بېرىلگەن مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىغا ھەۋەس قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا ئۇ نەرسىلەرنى بېرىشتىكى ھېكمىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ ۖ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ
ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا (قانچىلىك پۇل ـ مال سەرپ قىلساڭلارمۇ) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «-ئى مۇناپىقلار جامائەسى!- سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا قانچىلىك پۇل ـ مال سەرپ قىلساڭلارمۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «خالىساڭلار كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن چىقىم قىلىڭلار، خالىساڭلار كۆڭۈل رازىلىقىسىز چىقىم قىلىڭلار. قىلغان چىقىملىرىڭلار سىلەردىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى سىلەر فاسىق قەۋمسىلەر!». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ياخشىلىق ئۈچۈن مەيلى چىن كۆڭۈلدىن مال چىقىم قىلىڭلار مەيلى مەجبۇر قېلىپ مال چىقىم قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇنى سىلەردىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىغا قارشى چىققان ۋە ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغان قەۋمسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا مَنَعَهُمْ أَنْ تُقْبَلَ مِنْهُمْ نَفَقَاتُهُمْ إِلَّا أَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَبِرَسُولِهِ وَلَا يَأْتُونَ الصَّلَاةَ إِلَّا وَهُمْ كُسَالَىٰ وَلَا يُنْفِقُونَ إِلَّا وَهُمْ كَارِهُونَ
ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل ـ مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، پۇل ـ مېلىنى رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ چىقىملىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىغا، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولۇشلىرى، نامازغا خۇشياقماسلىق بىلەن كېلىشلىرى ۋە چىقىملىرىنى نارازىلىق بىلەن قىلىشلىرى توسالغۇ بولدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ياخشىلىق ئۈچۈن قىلغان چىقىملىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولۇشى، نامازنى تەلەپكە لايىق ئۆتىمەسلىكى ۋە چىقىملىرىنى خۇشياقماسلىق بىلەن قىلىشى توسالغۇ بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَا تُعْجِبْكَ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمْ بِهَا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَتَزْهَقَ أَنْفُسُهُمْ وَهُمْ كَافِرُونَ
ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلاتلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ مال ۋە بالىلار بىلەن بۇ قىسقا ھاياتتا ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كافىر پېتى، ھەسرەت چېكىپ جان ئۈزۈشلىرىنى ئىرادە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ئۇممىتىڭدىن ھېچكىم مۇنافىقلارنىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرىغا ھەۋەس قىلماڭلار، قىزىقماڭلار ۋە ھەيران قالماڭلار. ئاللاھ ئۇ مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلارنى مۇنافىقلارغا دۇنيادا جاپا - مۇشەققەت تارتسۇن ۋە كافىر پېتى جان ئۈزسۇن، شۇنداقلا ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىنسۇن دەپ بەردى. ئاللاھ تائالا 45 ~ 55 - ئايەتلەردە يالغان ئېيتىپ رۇخسەت ئالغان ۋە «تەبۇك غازىتى» سەپىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ. 56 ~ 59 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇنافىقىلارنىڭ باشقا قەبىھلىك ۋە رەسۋالىقلىرىنى بايان قىلىدۇ، ئۇلارغا نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنَّهُمْ لَمِنْكُمْ وَمَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَٰكِنَّهُمْ قَوْمٌ يَفْرَقُونَ
ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەر (يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار) دىن» دەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار (زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچراشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان) قورقۇنچاق قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەردىن» دەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار قورقۇنچاق قەۋمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: «بىز ئەلۋەتتە سىلەردىنمىز» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەردىن ئەمەس. لېكىن ئۇلار قورقۇنچاق قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئۇ مۇنافىقلار سىلەرگە، «بىز سىلەرگە ئوخشاش مۇئمىن» دەپ ئۆزلىرىنىڭ سىلەرنىڭ قاتارىڭلاردىن ئىكەنلىكىگە دائىر يالغان قەسەم ئىچىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەرگىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش مۇئمىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار قورقۇنچاق قەۋمدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار كافىرلار تەرىپىدىن بېشىمىزغا بىرەر مۇسىبەت كەلمىسۇن دەپ مۇنافىقلىق قىلىدۇ، ئاندىن مۇنافىقلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان قەسەم ئىچىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار سىلەردىن نەپرەت قىلىدۇ ۋە سىلەر بىلەن ياشاشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَوْ يَجِدُونَ مَلْجَأً أَوْ مَغَارَاتٍ أَوْ مُدَّخَلًا لَوَلَّوْا إِلَيْهِ وَهُمْ يَجْمَحُونَ
ئەگەر ئۇلار بىرەر قورغان ياكى غار ۋە ياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ ئەلۋەتتە يۈگۈرۈشكەن بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار بىرەر قورغان ياكى غار ۋە ياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ ئەلۋەتتە يۈگۈرۈشكەن بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار بىرەر پاناھگاھ ياكى غارلار ۋە ياكى كىرىۋالىدىغان بىرەر جاي تاپسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇ يەرلەرگە قاراپ يۈگۈرەيتتى، ئۇلارنى ھېچ نەرسە توسالمايتتى. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ناۋادا پاناھلىنىدىغان جايلار ياكى يوشۇرۇنىدىغان ئۆڭكۈرلەر ۋە ياكى كىرىۋالىدىغان تۆشۈكلەر تاپالىسا ئىدى، ئۇ تەرەپكە قاراپ بەدەر تىكىۋەتكەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ يَلْمِزُكَ فِي الصَّدَقَاتِ فَإِنْ أُعْطُوا مِنْهَا رَضُوا وَإِنْ لَمْ يُعْطَوْا مِنْهَا إِذَا هُمْ يَسْخَطُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە (ۋە غەنىيمەت) لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولۇشىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە ۋە غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، سەدىقىلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدا سېنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە سەدىقە كىرىملىرىدىن نېسىۋە بېرىلسە رازى بولىدۇ. ئەگەر ئۆزلىرىگە ئۇ كىرىملەردىن نېسىۋە بېرىلمىسە، بىردىنلا ئاچچىقلاپ كېتىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلارنىڭ بەزىسى ساڭا، سەدىقىلەرنى تەقسىم قىلىشىڭغا نارازى بولۇپ تەنە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا سەدىقىلەردىن ئۇلار كۆزلىگەن نەرسىنى بەرسەڭ، ئۇلار سېنىڭ تەقسىماتىڭدىن مەمنۇن بولىدۇ، ناۋادا ئۇلارغا بۇنى بەرمىسەڭ ساڭا خاپا بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ أَنَّهُمْ رَضُوا مَا آتَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ سَيُؤْتِينَا اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَرَسُولُهُ إِنَّا إِلَى اللَّهِ رَاغِبُونَ
ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن (ئاللاھنىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى) ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ئاللاھنىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەرگەن نەرسىگە رازى بولغان ۋە: «ئاللاھ بىزگە يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ بىزگە يېقىندا ئۆز پەزلىدىن بېرىدۇ، ئەلچىسىمۇ بېرىدۇ، بىز ئاللاھقىلا ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز» دېگەن بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر ئۇ مۇنافىقلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەرگەن نەرسىگە رازى بولغان، «ئاللاھ بىزگە يېتەرلىك، ئاللاھ يېقىندا بىزگە ئىلتىپات قىلىپ رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ يېقىندا بىزگە ھازىر بەرگىنىدىن ئارتۇقىنى بېرىدۇ، بىز ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا رىغبەت قىلىدىغان كىشىلەرمىز» دېگەن بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئەسكەرتىش: «سەدىقە - الصدقة» دېگەن سۆز لۇغەتتە ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن بېرىلگەن پۇل - مال دېگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە موھتاجلارغا ئىختىيارىي ھالدا قىلىنغان خەير - ئېھسان ۋە ياخشى ئىشلار ئۈچۈن بېرىلگەن ئىئانىلەر بۇ كەلىمە (سەدىقە) بىلەن، مۇئەييەن مىقدارغا يەتكەن پۇل - ماللاردىن ئېلىنىشى پەرز بولغان مىقدار «زاكات» دېگەن كەلىمە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن بەزى ئايەتلەردە زاكات بۇ كەلىمە (سەدىقە) بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: بۇ يەردىكى 58 - ئايەتتە، كېيىنكى 60 - ۋە 103 - ئايەتلەردە كەلگەن «سەدىقە» كەلىمىسى «زاكات» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۖ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سەدىقىلەر[7] پەقەت پېقىرلەرگە، مىسكىنلەرگە، سەدىقە خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[8]. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە مۇنافىقلارنىڭ ئىچىدە سەدىقىلەرنىڭ تەقسىماتىغا نارازى بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەنە قىلغانلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەرگەن نەرسىگە رازى بولغان بولسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، سەدىقىلەرنىڭ تەقسىماتىنى ئەسلىدە ئۆزىنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تەقسىماتنى ئۆزى چاغلاپ قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھنىڭ تەقسىماتىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا تەنە قىلماستىن ئۇنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇش لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: سەدىقىلەر (زاكاتلار) پەقەت پېقىرلار، مىسكىنلەر، سەدىقىلەرنى يىغىشقا مەسئۇل خادىملار، كۆڭلى ئىسلامغا مايىل قىلىنماقچى بولغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇل ۋە ئەسىرلەرنى ئازاد قىلىش، قەرزىنى تۆلىيەلمىگەن قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش، ياخشى ئىشلارنى يولغا قويۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. سەدىقىلەرنى مۇشۇنداق تەقسىم قىلىش ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە زىيىنىنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، زىيانلىق ئىشلاردىن توسىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە زاكات بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار بايان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇلار سەككىز بولۇپ ئاۋۋالقى تۆتىدە لام («ل») ھەرىپى، ئاخىرقى تۆتىدە فىي («في») ھەرىپى كېلىدۇ. دېمەككى، زاكات ئالدىنقى تۆت كىشىنىڭ قولىغا بېرىلىدۇ، كېيىنكى تۆت كىشى ئۈچۈن زاكاتتىن بىر فوند ئاجرىتىپ ئۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 58 ~ 60 - ئايەتلەردە مۇنافىقلارنىڭ ئىچىدىن، سەدىقىلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھقا تەنە قىلغانلارنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ. 61 ~ 63 - ئايەتلەردە بولسا، مۇنافىقلارنىڭ ئىچىدىن رەسۇلۇللاھقا ئاشكارا ھاقارەت قىلغانلارنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمُ الَّذِينَ يُؤْذُونَ النَّبِيَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٌ ۚ قُلْ أُذُنُ خَيْرٍ لَكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَيُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِينَ وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ ۚ وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ رَسُولَ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(دۇرۇس، ئۇ) سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە (ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بىلگەنلىكتىن) ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە پەيغەمبەرنى «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «توغرا، ئۇ، سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر» ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، نەبىينى رەنجىتىدۇ ۋە: «ئۇ قۇلاقتۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق قۇلىقىدۇر[9]. ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارغا ئىشەنچ قىلىدۇ. ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رەنجىتىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەرنى رەنجىتىدىغان، ئۇنى ناشايان سۆزلەر بىلەن ئېغىزىغا ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا: «مۇھەممەد ئۆزىگە ئېيتىلغان ھەر سۆزگە قۇلاق بېرىدۇ» دەپ تۆھمەت قىلىدىغان كىشىلەر بار. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇنافىقلار! ئۇنداق ئەمەس، يەنى ئۇ پەيغەمبەر سىلەر ئېيتقاندەك ھەر سۆزگە قۇلاق سالىدىغان بىرى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ سىلەر ئۈچۈن خەيرلىك سۆزلەرگە قۇلاق سالىدىغان پەيغەمبەردۇر. ئۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىگە ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارغا ئىشەنچ قىلىدۇ، چۈنكى مۇئمىنلار يالغان ئېيتمايدۇ. ئى مۇنافىقلار! ئۇ پەيغەمبەر سىلەر ئۈچۈن خەيرلىك سۆزلەرگە قۇلاق سالىدىغان بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى رەنجىتكەنلەر ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ لِيُرْضُوكُمْ وَاللَّهُ وَرَسُولُهُ أَحَقُّ أَنْ يُرْضُوهُ إِنْ كَانُوا مُؤْمِنِينَ
ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن (پەيغەمبەرگە تېگىدىغان گەپنى قىلمىدۇق دەپ) ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستىنلا مۆمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستتىنلا مۇئمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلار باشتا يالغاندىن ئۆزرە ئېيتىپ غازاتتا سىلەردىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئاندىن يالغان قەسەم ئىچىپ سىلەرنى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رازى قىلىشلىرى لازىم ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّهُ مَنْ يُحَادِدِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَأَنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدًا فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ الْخِزْيُ الْعَظِيمُ
(بۇ مۇناپىقلار) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كىمكى قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ مۇناپىقلار ئاللاھقا ۋە ئۇنى پەيغەمبىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىلمەمدۇكى، كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم جەھەننەم ئوتى بار. ئۇ، ئوتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇ چوڭ رەسۋاچىلىقتۇر[10]. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىققان كىشىنىڭ دوزاخ ئوتىنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟! ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، دوزاخ ئوتىنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ئازاب چىكىش بەك رەسۋا بولۇش ۋە قاتتىق خورلىنىشتۇر. ئەسكەرتىش: 63 - ئايەتنىڭ «كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىكەن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمىنىڭ ئەسلى كەلىمە تەرجىمىسى «كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەلگىلىگەن چېگرالاردىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەلگىلىگەن چېگرالارغا قارشى چېگرالار بەلگىلەيدىكەن»دۇر. ئاللاھ تائالا كىتاب نازىل قىلىش ۋە ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق چەك - چېگرالار بەلگىلىگەن ۋە ئىنسانلارغا ئۇ چەك - چېگرالارغا رىئايە قىلىشنى تاپىلىغان، شۇنداقلا ئۇ چەك - چېگرالارنى ئۆزگەرتكەن ياكى ئۇلاردىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ياكى ئۇلارغا قارشى باشقا چەك - چېگرالار بەلگىلىگەن كىشىلەرنىڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلغانلار ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قارشىلىق قىلغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئايەتنىڭ مەزكۇر قىسمى شۇنداق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئايەت ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان ئازابىنى بايان قىلىدۇ. 58 - سۈرە (مۇجادەلە)نىڭ 5 - ئايىتى بولسا ئۇلارنىڭ دۇنيادا دۇچار بولىدىغان ئازابىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 64 ~ 66 - ئايەتلەردە مۇنافىقلارنىڭ باشقا رەزىلىللىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَحْذَرُ الْمُنَافِقُونَ أَنْ تُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ سُورَةٌ تُنَبِّئُهُمْ بِمَا فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلِ اسْتَهْزِئُوا إِنَّ اللَّهَ مُخْرِجٌ مَا تَحْذَرُونَ
مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە پاش قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھنىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى مۇئمىنلارغا خەۋەر بېرىشتىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر پاش بولۇشتىن قورقىدىغان نەرسىنى ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇنافىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا، قەلبلىرىدىكىنى مۇئمىنلارغا خەۋەر قىلىدىغان بىرەر سۈرىنىڭ نازىل قىلىنىشىدىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر مەسخىرە قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ سىلەر قورققان نەرسىنى چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ». — ئەنەس ئالىم
مۇنافىقلار ئىمان بىلەن كۇفۇر ئوتتۇرۇسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرغان پىرقە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىسلام تەلىماتلىرىنى، پەيغەمبەرنى ۋە مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئۇلار توغرىسىدا ھەر تۈرلۈك يامانلىقلارنى ئويلايدۇ ۋە ھەر تۈرلۈك ناشايان سۆزلەرنى قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ دىللىرىدىكى سىرلارنى ۋە مەخپىي تۇتۇۋاتقان سۆزلەرنى مۇئمىنلارغا بىلدۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق بىر سۈرە نازىل قىلىنغان تەقدىردە مۇئمىنلار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنافىقلارنىڭ رەزىللىك ۋە قەبىھلىكلىرى نامايان بولىدۇ، شۇنداقلا ئەپتى - بەشىرىسى چىتقا يېيىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەسخىرە قىلىپ تۇرۇڭلار! ئاللاھ سىلەر ئاشكارا قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئەھۋالنى چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنْتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئەگەر سەن ئۇلاردىن سورىساڭ، ئۇلار: «بىز، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. بۇ مۇناپىقلارغا: «سىلەر ئاللاھ نى، ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلاردىن سورىساڭ[11]، ئۇلار ئەلۋەتتە: «بىز پەقەتلا پاراڭغا چۈشۈپ كۆڭۈل ئاچقان ئىدۇق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى مەسخىرە قىلىپ كۆڭۈل ئاچامتىڭلار؟»[12]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلارنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ ۋە قورقۇنچاقلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى شۇكى، ئەگەر ئۇلاردىن مەسخىرە قىلىشلىرىنىڭ ۋە ناشايان سۆزلەرنى ئېيتىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى سورىساڭ، ئۇلار يەنە يالغان ئېيتىپ: «بىز پەقەت ئويۇن - چاقچاق قىلىشىپ كۆڭۈل ئاچقان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى مەسخىرە قىلىپ كۆڭۈل ئاچامتىڭلار؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ ۚ إِنْ نَعْفُ عَنْ طَائِفَةٍ مِنْكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ
سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئازابقا دۇچار قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇنافىقلار! ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېين كافىر بولدۇڭلار. سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ئەپۇ قىلساقمۇ، يەنە بىر گۇرۇھنى ئازابلايمىز. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار بولغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۆزرە ئېيتماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى مەسخىرە قىلىش بىلەن، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلار، شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ بۇ يالغان ئۆزرىلىرىڭلار ئەسلا قوبۇل قىلىنمايدۇ». (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «ئى مۇنافىقلار! بىز ئىچىڭلاردىن سەمىمىي تەۋبە قىلغان بىر تائىپىنى ئەپۇ قىلساق، مۇنافىقلىقىنى داۋاملاشتۇرغان يەنە بىر گۇرۇھنى ئازابلايمىز». رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «تەبۇك غازىتى»غا كېتىۋاتقاندا مۇنافىقلاردىن بىر گۇرۇھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق: «شۇ ئادەمنىڭ ھالىغا قاراڭلار، شام سارايلىرىنى فەتھى قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ شام سارايلىرىنى فەتھى قىلغۇدەك قانچىلىك ئادەمتى! ئۇنىڭ شام سارايلىرىنى فەتھى قىلىشى ئېھتىمالدىن نېمىدېگەن يىراق!» دەپ ئۇنى كەمسىتكەن ئىدى ۋە غەيۋىتىنى قىلىشقان ئىدى. بۇ ئەھۋال مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنافىقلار چاقىرىتىلىپ نېمىشقا ئۇنداق دېگەنلىكى سورالغان ئىدى. ئۇلار تاندى ۋە: «يول ئازابىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن چاقچاقلاشقان ئىدۇق» دەپ يالغان ئېيتىشتى. بۇ ئايەت بۇ مۇنافىقلار ھەققىدە نازىل بولغان. ئاللاھ تائالا 42 ~ 66 - ئايەتلەردە «تەبۇك غازىتى» مۇناسىۋىتى بىلەن رەسۋا بولغان مۇنافىقلارنىڭ قەبىھلىك ۋە رەزىللىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. 67 ~ 70 - ئايەتلەردە بولسا، بارلىق مۇنافىقلارنىڭ ئورتاق سۈپەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئۇلارنى بۇرۇنقى يامان قەۋملەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشقا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى تۈزىتىشكە تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ بَعْضُهُمْ مِنْ بَعْضٍ ۚ يَأْمُرُونَ بِالْمُنْكَرِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمَعْرُوفِ وَيَقْبِضُونَ أَيْدِيَهُمْ ۚ نَسُوا اللَّهَ فَنَسِيَهُمْ ۗ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار (مۇناپىقلىقتا ۋە ئىماندىن يىراق بولۇشتا) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ). ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھنىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى). شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ. ئۇلار ئاللاھ نى ئۇنتۇدى، ئاللاھ مۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى. شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇنافىق ئەرلەر ۋە مۇنافىق ئاياللار بىر - بىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ ۋە قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ[13]. ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى[14]. شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار فاسىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن مۇنافىقلار خۇي - پەيل ۋە ئىش - ھەرىكەتتە ئۆزئارا ئوخشىشىدۇ. بىر - بىرىنى يالغانچىلىق، خائىنلىق، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئەھدىنى بۇزۇشتەك يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىش ۋە جىھاد قىلىشتەك ياخشى ئىشلاردىن توسىدۇ. مال - مۈلكىگە بېخىللىق قىلىپ ياخشى يوللارغا چىقىم قىلمايدۇ. ئۇلار ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىش ۋە شەيتانغا ئەگەشمەسلىك ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتى، ئىلتىپاتى، تەۋپىقى ۋە مۇكاپاتىدىن مەھرۇم قىلدى. شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چىققان كىشىلەردۇر. ئەسكەرتىش: 67 - ئايەتىنىڭ تەرجىمىسىدىكى «قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ» - بېخىللىق قىلىدۇ دېمەكتۇر. «ئاللاھ ئۇنتۇدى» دېگەن ئىپادە بولسا، مەجازىي مەنىدە بولۇپ، ئاللاھ مۇنافىقلارنى ياردىمى ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى دېگەن بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنتۇشتىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَدَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ هِيَ حَسْبُهُمْ ۚ وَلَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ
ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللارغا ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇنافىق ئەرلەرگە، مۇنافىق ئاياللارغا ۋە كافىرلارغا جەھەننەمنىڭ ئوتىنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. جەھەننەم ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى لەنەتلىدى. ئۇلار ئۈچۈن مۇقىم ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئەر - ئايال مۇنافىقلارغا ۋە بارلىق كافىرلارغا دوزاخ ئوتىنى جازا قىلىپ بېكىتتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلمايدۇ. ئەسكەرتىش: 68 - ئايەتتە مۇنافىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتتە مۇنافىقلارنىڭ دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، مۇنافىقلار بىلەن كافىرلار قىيامەت كۈنى مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ، لېكىن مۇنافىقلارنىڭ ئازابى كافىلارنىڭ ئازابىدىن قاتتىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ كَانُوا أَشَدَّ مِنْكُمْ قُوَّةً وَأَكْثَرَ أَمْوَالًا وَأَوْلَادًا فَاسْتَمْتَعُوا بِخَلَاقِهِمْ فَاسْتَمْتَعْتُمْ بِخَلَاقِكُمْ كَمَا اسْتَمْتَعَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ بِخَلَاقِهِمْ وَخُضْتُمْ كَالَّذِي خَاضُوا ۚ أُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
(ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار) سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن (ھالاك بولغان ئۈممەتلەرنىڭ ھالىغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ ـ قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ ـ قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇنافىقلار! سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار خۇددى سىلەردىن ئىلگىرى ھالاك بولۇپ كەتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار سىلەردىن كۈچلۈك كىشىلەر ئىدى، ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى سىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىدى، ئۇلار ئۆز نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان ئىدى. سىلەردىن بۇرۇنقىلار ئۆز نېسىۋىلىرىدىن قانداق بەھرىمەن بولغان بولسا، سىلەرمۇ ئۆز نېسىۋەڭلاردىن شۇنداق بەھرىمەن بولدۇڭلار، ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار. ئەنە شۇلار ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
«ئى مۇنافىق ۋە كافىرلار! سىلەرنىڭ مۇنافىقلىق ۋە كۇفرىلىقتىكى ئەھۋالىڭلار بۇرۇنقى مۇنافىق ۋە كافىرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار سىلەردىن كۈچلۈك، مال ۋە بالىلىرى سىلەرنىڭكىدىن كۆپ بولغان، بىز ئاتا قىلغان نېسىۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولغان، ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن، پەيغەمبەرلەرنى مەسخىرە قىلغان، يامانلىققا چۆمگەن ۋە ئەمەللىرى ئىككىلى دۇنيادا بىكار بولۇپ كېتىپ تامامەن زىيان تارتقان كىشىلەر ئىدى. سىلەر يامان ئىشلارنى قىلىشتا ۋە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىشتا خۇددى ئۇلارغا ئوخشايسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ يَأْتِهِمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَقَوْمِ إِبْرَاهِيمَ وَأَصْحَابِ مَدْيَنَ وَالْمُؤْتَفِكَاتِ ۚ أَتَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ فَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قىشلاقلارنىڭ (يەنى لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى قىشلاقلىرىنىڭ) خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلدى (بۇ مۆجىزىلەرنى ئۇلار ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار (كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ؛ نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قىشلاقلار- يەنى لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى قىشلاقلىرى - نىڭ خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ، ئاد ۋە سەمۇدنىڭ، ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ، مەديەن خەلقىنىڭ ۋە كۆمتۈرۈۋېتىلگەن شەھەرلەرنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم
بۇ مۇنافىق ۋە كافىرلار، ئۆز ۋاقتىدا روشەن ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، شۇئەيب ۋە لۇت قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار قىلىنغان كافىر قەۋملەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىگە قاراپ نېمىشقا ئىبرەت ئالمايدۇ؟ ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىغان، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلغان ئىدى. ئۇلارغا بېرىلگەن ئىلاھىي جازا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازا ئىدى. ئاللاھ تائالا 67 ~ 70 - ئايەتلەردە مۇنافىقلارنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ. 71 - 72 - ئايەتلەردە بولسا، مۇئمىنلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ يَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَيُطِيعُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ أُولَٰئِكَ سَيَرْحَمُهُمُ اللَّهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇئمىن ئەرلەر، مۇئمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئۇلار ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدۇ. مانا بۇلارغا ئاللاھ يېقىندا مەرھەمەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بىر - بىرىلىرىنىڭ دوستى، ياردەمچىسى ۋە ھىمايىچىسىدۇر. ئۇلار بىر - بىرىنى توغرا ئىمان، ياخشى ئەمەل، گۈزەل ئەخلاق ۋە دۇرۇس مۇئامىلە... قاتارلىق ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ؛ كۇفرى ، شېرىك، زۇلۇم، گۇناھ ۋە ھەر تۈرلۈك قەبىھ سۆز - ھەرىكەت... قاتارلىق يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، بەش ۋاقىت نامازنى داۋاملىق ۋە تولۇق ئۆتەيدۇ، پۇل - ماللىرىنىڭ زاكاتلىرىنى لايىقىدا ئادا قىلىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ. ئەنە شۇ مۇئمىنلارنى ئاللاھ يېقىندا مۇكاپاتلايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان ئۇلۇغ قۇدرەت، قىلغان ھەر ئىشىنىڭ ئۆز لايىقىدا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ مۇئمىنلارنى مۇكاپاتلايدۇ، مۇنافىق ۋە كافىرلارنى ئازابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَدَ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ وَرِضْوَانٌ مِنَ اللَّهِ أَكْبَرُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئاللاھ مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) ئاللاھنىڭ رازىلىقى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئېرىشىدىغان ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئەڭ كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل سارايلارنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا شۇنداق جەننەتلەرنى ۋەدە قىلىدۇكى ، ئۇ جەننەتلەرنىڭ سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا سۇلار ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جەننەتلەردە پاكىز، ھاۋالىق ۋە مەنزىرىلىك سارايلارنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغاننىڭ سىرتىدا ئۇلاردىن رازى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ نېمەت ھەممە نېمەتنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئۇلار بۇ ئېلاننى ئاڭلىغان چاغدا چەكسىز خۇشاللىققا چۆمىدۇ، ئۇلارغا بۇ نېمەت بەرگەن زوق، ماددىي - مەنىۋى بارلىق نېمەتلەر بەرگەن زوقلاردىن بۈيۈك بولىدۇ. دۇنيادا لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاخىرەتتە ئەنە شۇ نېمەتلەرگە ئېرىشىش ناھايىتى كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا (قارشى غازات قىلىش ۋە قورقۇنچ سېلىش بىلەن) قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ
ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى نەبىي! كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق قول بولغىن. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم
ئى نەبىي! كافىرلارنىڭ كۇفرىلىقتىن، مۇنافىقلارنىڭ مۇنافىقلىقتىن يېنىشى ئۈچۈن قولۇڭدىن كېلىشىچە غەيرەت قىلغىن، ئۇرۇش بولۇپ قالسا ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلمىغىن. ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىگەن تەقدىردە) مەڭگۈلۈك ئورۇنلىشىدىغان جايى دوزاختۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ إِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا ۚ وَمَا نَقَمُوا إِلَّا أَنْ أَغْنَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ مِنْ فَضْلِهِ ۚ فَإِنْ يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَهُمْ ۖ وَإِنْ يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشى پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى، ئۇلارنىڭ ئىنتىقام ئالماقچى بولۇشلىرى، پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ «بىز ئۇنداق دېمىدۇق» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇ كۇفرى سۆزنى ئېيتتى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كافىر بولدى ۋە ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇندى[15]. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ئۆزلىرىنى باي قىلىپ قويغانلىقىنىلا يامان كۆردى[16]. ئۇلار ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسە ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. ئۇلارغا يەر يۈزىدە ھېچبىر ۋەلىي ۋە ھېچبىر ياردەمچى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلار سېنى ۋە ئىسلامنى ھاقارەتلەيدۇ ۋە مەسخىرە قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قەبىھلىكىدىن سېنىڭ خەۋەردار بولغانلىقىڭنى ئاڭلاپ، دەرھال يېنىڭغا كېلىدۇ ۋە ئۇنداق دېمىگەنلىكىگە دائىر ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇ مۇنافىقلار كۇفۇر سۆزنى راستتىنلا ئېيتتى ۋە بۇ ئارقىلىق ئىسلامدىن چىقىپ كافىر بولدى، ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشقا (ساڭا سۈيىقەست قىلىشقا) ئۇرۇندى. بۇ مۇنافىقلارنىڭ بۇ قەبىھلىكلىرىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار سەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كېلىشتىن ئىلگىرى پېقىرلىق ۋە موھتاجلىقتا ئىدى، لېكىن ئۇلار سەن مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن سېنىڭ باشچىلىقىڭدا ئېلىنغان غەنىيمەتلەردىن ئۈلۈش ئالغان ۋە مال - مۈلۈكلەرگە ئىگە بولغان. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سېنى ياخشى كۆرۈشى، قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ۋە ساڭا سەمىمىي بولۇشى لازىم ئىدى، سەن دەۋەت قىلغان يولغا جان - مېلىنى پىدا قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلار مۇنافىقلىق قىلىش بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئۆزلىرىنى باي قىلىپ قويۇشىنى يامان كۆرگەن بولدى. ئۇ مۇنافىقلار ئەگەر مۇنافىقلىقتىن يېنىپ توغرا يولغا لايىق رەۋىشتە كىرسە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىككىلى دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ. ناۋادا ئۇلار مۇنافىقلىقنى داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادا ھەر تۈرلۈك بالا - مۇسىبەتلەر بىلەن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى بىلەن ئازابلايدۇ. يەر يۈزىدە ئۇلارنى ئاقلايدىغان، ھىمايە قىلىدىغان، ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان، ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ، چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جىھاد (ئۇرۇش) قىلىشقا بۇيرۇلغان كافىرلار، ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ئاز دېگەندە بىرنى قىلغان كافىرلاردۇر، چۈنكى مۇئمىنلار ئۆزلىرى بىلەن دىن توغرىسىدا ئۇرۇش قىلمىغان، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن (ۋەتەنلىرىدىن) ھەيدەپ چىقىرىۋەتمىگەن ۋە ھەيدەپ چىقىرىلىشى ئۈچۈن باشقىلارغا ياردەم قىلمىغان كافىرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا تەرغىب قىلىنىدۇ. مۇنافىقلار ناۋادا ئۇرۇش سەۋەبلىرىدىن بىرەرىنى قىلغان بولسا، ئۇلارغىمۇ كافىرلارغا قىلىنغان مۇئامىلە قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇنداق قىلمىغان بولسا ئۇلار بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد ئىلىم بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ يۇقىرىدىكى كۆپ ئايەتلىرىدە مۇنافىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرىنى تونۇتىدۇ. 75 ~ 80 - بۇ ئايەتلەردىمۇ ئۇلارنىڭ بىر تۈرىنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋە باشقا بارلىق مۇنافىقلارنىڭ جازاسىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ عَاهَدَ اللَّهَ لَئِنْ آتَانَا مِنْ فَضْلِهِ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ الصَّالِحِينَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا، ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، «ئەگەر بىزگە ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا ئەلۋەتتە سەدىقە بېرىمىز ۋە ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەردى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئىلتىپات قىلىپ مال - مۈلۈك بەرسە، بىز چوقۇم ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەردى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا آتَاهُمْ مِنْ فَضْلِهِ بَخِلُوا بِهِ وَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ
ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان چاغدا، بېخللىق قىلىشتى ۋە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلدى ۋە يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
لېكىن ئۇلار ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ مال - مۈلۈك بەرگەندە لەۋزىدە تۇرمىدى، بېخىللىق قىلىپ سەدىقە قىلمىدى ۋە ئۇ مال - مۈلۈك بىلەن ياخشى ئىش قىلىشتىن يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار قاچان ئاللاھقا ئەھدە بەرسە رىئايە قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقًا فِي قُلُوبِهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ بِمَا أَخْلَفُوا اللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، يالغانچىلىقلىرى تۈپەيلى، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا يىلتىز تارتىپ تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ ئاقىۋىتى قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە، ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈنگە قەدەر داۋاملىشىدىغان مۇنافىقلىقنى يەرلەشتۈردى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلدى ۋە يالغانچىلىق قىلدى. — ئەنەس ئالىم
(77-78) بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى، قەلبلىرىگە قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان قاتمۇقات مۇنافىقلىقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ جازالىدى. بۇ مۇنافىقلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، سىرلىرىدىن ۋە ئۆزئارا مەخپىي قىلىشقان گەپلىرىدىن ئاللاھنىڭ ۋاقىپ ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ بارلىق غەيىبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ سِرَّهُمْ وَنَجْوَاهُمْ وَأَنَّ اللَّهَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى، (ئۆزئارا قىلىشقان) يوشۇرۇن سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، پۈتۈن غەيبلەرنى چوڭقۇر بىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى، ئۆزئارا قىلىشقان يوشۇرۇن سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈن غەيبلەرنى چوڭقۇر بىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى ۋە يوشۇرۇن قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ غەيبلەرنى ئوبدان بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟! — ئەنەس ئالىم
-
الَّذِينَ يَلْمِزُونَ الْمُطَّوِّعِينَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ فِي الصَّدَقَاتِ وَالَّذِينَ لَا يَجِدُونَ إِلَّا جُهْدَهُمْ فَيَسْخَرُونَ مِنْهُمْ ۙ سَخِرَ اللَّهُ مِنْهُمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
(مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مۇناپىقلار مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن كۆپ سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچىلا سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سەدىقىلەر توغرىسىدا مۇئمىنلاردىن مەردلىك بىلەن بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەيدۇ ۋە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە بېرەلىگەنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلار ئۆزلىرى بېخل بولۇش بىلەن بىرگە، مۇھتاجلارغا كۆپ سەدىقە بەرگەن باي مۇئمىنلارنى «رىياكار» دەپ ئەيىبلەيدۇ، ئاران تاپالىغىنىنى سەدىقە قىلغان نامرات مۇئمىنلارنى «ئاللاھنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى يوق» دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قەبىھلىكىگە ئۇلارنى رەسۋايىئالەم قىلىپ جازا بەردى. ئۇلار ئاخىرەتتىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اسْتَغْفِرْ لَهُمْ أَوْ لَا تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ إِنْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ سَبْعِينَ مَرَّةً فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما بەرىبىر ئوخشاش، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار، ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، ئۇلار ئۈچۈن يەتمىش قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولدى. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ مۇنافىقلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭ، ئۇلارغا بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىشىڭ ياكى مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقىڭ ئوخشاشتۇر، ئۇلارغا ھەرقانچە كۆپ مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۇفرىدا ئەزۋەيلىشى ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ۋە ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلغان، شۇنداقلا بۇنى ئادەت قىلىۋالغان قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ (ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ). ئاللاھ تائالا 42 ~ 70 -، 73 ~ 80 - ئايەتلەردە «تەبۇك غازىتى»دىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلارنىڭ ۋە باشقا ئومۇمىي مۇنافىقلارنىڭ رەزىللىك، رەسۋالىق ۋە قەبىھلىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىنى ۋە بېرىلىدىغان جازالارنى بايان قىلىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە تەۋبىگە تەرغىب قىلىدۇ. 81 ~ 85 - ئايەتلەردە بولسا، «تەبۇك غازىتى»دىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلارنىڭ باشقا بىر قەبىھلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇندىن ئېتىبارەن ئۇلارغا قىلىشى كېرەك بولغان مۇئامىلىلەرنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈك ۋە بالىلىرىغا ھەۋەس قىلىشتىن يەنە بىر قېتىم توسىدۇ، ئۇلارغا ئۇ مال - مۈلۈك ۋە بالىلارنى بېرىشىنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَرِحَ الْمُخَلَّفُونَ بِمَقْعَدِهِمْ خِلَافَ رَسُولِ اللَّهِ وَكَرِهُوا أَنْ يُجَاهِدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَالُوا لَا تَنْفِرُوا فِي الْحَرِّ ۗ قُلْ نَارُ جَهَنَّمَ أَشَدُّ حَرًّا ۚ لَوْ كَانُوا يَفْقَهُونَ
رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلىپ (تەبۈك غازىتىغا چىقماي) قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆيلىرىدە بەخىرامان ئولتۇرغانلىقلىرى بىلەن خۇشال بولۇشتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى. ئۇلار (بىر ـ بىرىگە): «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر. ئەگەر ئۇلار چۈشىنىدىغان بولسا، (ئەلۋەتتە ئىسسىقتا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە چىقاتتى)» — مۇھەممەد سالىھ
رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلىپ - تەبۈك غازىتىغا چىقماي- قېلىپ قالغانلار، ئۆيلىرىدە بىخىرامان ئولتۇرغانلىقلىرى بىلەن خۇشال بولۇشتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلار بىر ـ بىرىگە: «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: « ئەگەر ئۇلار چۈشىنىدىغان بولسا، جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇرۇشقا چىقماي رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ قالغانلار، ئولتۇرغانلىقلىرىغا خۇشال بولۇشتى، ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى ۋە: «بۇ ئىسسىقتا ئۇرۇشقا چىقماڭلار» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ ئىسسىقتۇر». ئۇلار بۇنى چۈشەنگەن بولسىچۇ! — ئەنەس ئالىم
رەسۇلۇللاھنىڭ جىھادقا چىقىش توغرۇلۇق چۈشۈرگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار قوشۇنى بىلەن «تەبۇك غازىتى»غا چىقىشتىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلار، مۇئمىنلار قوشۇنى مەدىنىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەدىنىدە قالغانلىقىغا سۆيۈندى، ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى ئاتاش ۋە ئۆزلىرىنى پىدا قىلىشنى ياقتۇرمىدى، باشقىلارنىڭ رايىنى ياندۇردى، ئۇلارنى قوشۇندىن ئايرىلىپ ئۆزلىرى بىلەن مەدىنىدە قېلىشقا قىزىقتۇردى، ئۇلارنى «ئىسسىقتا غازات سەپىرىگە چىقماڭلار» دەپ توستى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «دوزاخ ئوتىنىڭ ھارارىتى سىلەر قورققان ئىسسىقنىڭ ھارارىتىدىن بەك ھارارەتلىكتۇر، دوزاخ ئوتىنىڭ تەپتى سىلەر ئەندىشە قىلغان ئىسسىقىنىڭ تەپتىدىن بەك شىددەتلىك ۋە بەك كۆيدۈرگۈچىدۇر». ئۇ مۇنافىقلار بۇنى چۈشەنسە ئىدى، ئۇنداق قىلمىغان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلْيَضْحَكُوا قَلِيلًا وَلْيَبْكُوا كَثِيرًا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
ئۇلار قىلمىش (گۇناھ) لىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن[ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن بۇندىن ئېتىبارەن ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلارنىڭ سۆيۈنچى ئۇزۇن سۈرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سۆيۈنچى ئۇلارنىڭ بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتى بىلەن چەكلىك. ئەمما ئۇلارنىڭ قايغۇ - ھەسرىتى بولسا ئاخىرەتتە دوزاختا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۇفرىلىق ۋە مۇنافىقلىقىغا مۇشۇنداق جازا بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ رَجَعَكَ اللَّهُ إِلَىٰ طَائِفَةٍ مِنْهُمْ فَاسْتَأْذَنُوكَ لِلْخُرُوجِ فَقُلْ لَنْ تَخْرُجُوا مَعِيَ أَبَدًا وَلَنْ تُقَاتِلُوا مَعِيَ عَدُوًّا ۖ إِنَّكُمْ رَضِيتُمْ بِالْقُعُودِ أَوَّلَ مَرَّةٍ فَاقْعُدُوا مَعَ الْخَالِفِينَ
ئەگەر ئاللاھ سېنى (تەبۈك غازىتىدىن) قايتۇرۇپ (ئۆزرىسىز قېلىپ قالغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار (ئىككىنچى بىر غازاتقا) چىقىشقا سەندىن ئىزنى سورىسا، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (غازاتقا) چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا (چىقماي، ئۆيۈڭلاردا بەخىرامان) ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى (غازاتقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار) بىلەن ئولتۇرۇڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ سېنى قايتۇرۇپ بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار ئىككىنچى بىر غازاتقا چىقىشقا سەندىن رۇخسەت سورىسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ غازاتقا چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا ئۆيۈڭلاردا بىخىرامان ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى قېلىپ قالغۇچىلار بىلەن ئولتۇرۇڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھ ساڭا ئۇلاردىن بىرەر گۇرۇھنىڭ يېنىغا قايتىشنى نېسىپ قىلىپ، ئۇلار سەندىن ئۇرۇشقا چىقىش توغرىسىدا رۇخسەت سورىسا، ئېيتقىنكى: «سىلەر مەن بىلەن ھەرگىزمۇ چىقمايسىلەر ۋە مەن بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشى ھەرگىزمۇ ئۇرۇشمايسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاۋۋالقى قېتىمدا ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھازىرمۇ قېلىپ قالغۇچىلار[17] بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۇ غازاتتىن قايتىپ، ئايرىلىپ قالغان ئۇ مۇنافىقلاردىن بىرەر تائىپىنىڭ يېنىغا بارساڭ ۋە ئۇلار باشقا بىر غازاتقا سەن بىلەن بىللە چىقىش توغرۇلۇق سەندىن رۇخسەت سورىسا، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ رۇخسەت بەرمىگىن ۋە ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن بىلەن بىللە ھېچبىر غازاتقا چىقالمايسىلەر، ھېچبىر ئۇرۇشقا قاتنىشالمايسىلەر! چۈنكى سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا بىزدىن ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق ئايرىلىپ قالدىڭلار، شۇڭلاشقا ئەمدى سىلەر قېرى - چۈرى، ئاجىز - ئورۇق ۋە خوتۇن - بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تُصَلِّ عَلَىٰ أَحَدٍ مِنْهُمْ مَاتَ أَبَدًا وَلَا تَقُمْ عَلَىٰ قَبْرِهِ ۖ إِنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَمَاتُوا وَهُمْ فَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كافىر بولدى ھەمدە فاسىق[18] ھالىتى بىلەن ئۆلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇنافىقلاردىن بىرى ئۆلسە، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى يېنىدا تۇرمىغىن (ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ دەپنە قىلىنىدىغان يېرىگە چىقمىغىن، يەرلىكىدە قويمىغىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلمىغىن)، چۈنكى ئۇ ھاياتىدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولدى ۋە گۇمراھ پېتى ئۆلدى. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەت، مۇئمىنلاردىن ئۆلگەن كىشىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش (ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىغپار ماھىيىتىدە جىنازا نامىزى ئوقۇش)، ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ دەپنە قىلىنىشىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تُعْجِبْكَ أَمْوَالُهُمْ وَأَوْلَادُهُمْ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُعَذِّبَهُمْ بِهَا فِي الدُّنْيَا وَتَزْهَقَ أَنْفُسُهُمْ وَهُمْ كَافِرُونَ
ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. ئاللاھ دۇنيادا بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنى جازالاشنى، ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. ئاللاھ دۇنيادا بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنى جازالاشنى، ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە بالىلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ ماللار ۋە بالىلار بىلەن دۇنيادا ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كافىر پېتى، ھەسرەت چېكىپ جان ئۈزۈشلىرىنى ئىرادە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئۇلارغا بەرگەن ماللار ۋە بالىلارغا ھەۋەس قىلمىغىن، قىزىقمىغىن ۋە ھەيران قالمىغىن، چۈنكى بىز ئۇ مۇنافىقلارغا ئۇ ماللارنى ۋە بالىلارنى ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ مۇنافىقلارنىڭ دۇنيادا ئۇ مال - بالىلار ئۈچۈن غەم - ئەندىشە ۋە ھەسرەت - نادامەت چېكىپ قىيىنىلىشى، شۇنداقلا ئۇ مال - بالىلار بىلەن بولۇپ كېتىپ كافىر پېتى ئۆلۈشى ئۈچۈن بەردۇق. ئاللاھ تائالا 81 ~ 85 - ئايەتلەردە باھانە كۆرسىتىپ غازاتتىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلارنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى قوشۇن غازات ئۈچۈن مەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن سۆيۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ سۆيۈنچىنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇندىن كېيىن ئۇلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىلەرنى ئۆگىتىدۇ. 86 ~ 89 - ئايەتلەردە بولسا، ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھاد قىلىش ئەمرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلىنغاندا، باي مۇنافىقلارنىڭ قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق جىھادقا چىقماسلىق توغرىسىدا رەسۇلۇللاھتىن رۇخسەت سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەسكەشلىكىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇنداق سۈرە نازىل قىلىنغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئۇ سۈرىگە لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلىپ ئىلاھىي مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ مۇكاپاتنىڭ نېمىلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ أَنْ آمِنُوا بِاللَّهِ وَجَاهِدُوا مَعَ رَسُولِهِ اسْتَأْذَنَكَ أُولُو الطَّوْلِ مِنْهُمْ وَقَالُوا ذَرْنَا نَكُنْ مَعَ الْقَاعِدِينَ
بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مالدارلار سەندىن (غازاتتىن قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ. ئۇلار: «بىزنى قوي، (غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بەخىرامان) ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مالدارلار سەندىن - غازاتتىن قېلىپ قېلىش ئۈچۈن - رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار: «بىزنى قوي، غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بىخىرامان ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بولايلى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
«ئاللاھقا ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېگەن يوليورۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلىنغان چاغدا، ئۇلاردىن جىھاد قىلىشقا كۈچى يېتىدىغانلار سەندىن رۇخسەت سورىدى ۋە: «بىزنى قويۇۋەتكىن، ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە قالايلى» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىش ۋە رەسۇللاھ بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ جىھاد قىلىش ھەققىدىكى ئىلاھىي بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، جىھاد قىلىشقا ۋە جىھاد ئۈچۈن ئىئانە قىلىشقا قادىر بولالايدىغان تەندۇرۇس ۋە باي مۇنافىقلار، سەندىن جىھادقا قاتناشماسلىق، شۇنداقلا ئاجىز ۋە ئۆزرىلىك كىشىلەر بىلەن مەدىنىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇش توغرىسىدا رۇخسەت سورىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
رَضُوا بِأَنْ يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كېسەللەر ۋە ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار (جىھادتىكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن كېلىدىغان بەختنى) چۈشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار چۈشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار جىھادتىن ئايرىلىپ قالغۇچى ئاياللار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى، قەلبلىرى پېچەتلەندى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار چۈشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ئاياللار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى، چۈنكى مۇنافىقلار قورقۇنچاق ئادەملەردۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭلاشقا ئۇلار جىھادنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى پايدىلىرىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَٰكِنِ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ جَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۚ وَأُولَٰئِكَ لَهُمُ الْخَيْرَاتُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار (ئىككىلا دۇنيانىڭ) ياخشىلىقلىرىغا نائىل بولىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، پۈتۈن ياخشىلىقلار ئەنە شۇلار ئۈچۈندۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى. ياخشىلىقلار ئەنە شۇلارنىڭدۇر، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
مۇنافىقلارنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. لېكىن رەسۇلۇللاھ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاللاھقا ئىشەنگەنلەر مال ۋە جانلىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن پىدا قىلىدۇ. مانا بۇلارلا دۇنيادا نۇسرەت ۋە ئىززەتكە، ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا بارلىق ئارزۇ - ئامانلىرىغا يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن سارايلىرىنىڭ ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېقىن سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. بۇ، ئەڭ چوڭ نىجاتلىق ۋە ناھايىتى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتتۇر. ئاللاھ تائالا 86 ~ 89 - ئايەتلەردە ئىمان ۋە جىھاد قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلغاندا، باي مۇنافىقلارنىڭ جىھادتىن ئايرىلىپ قېلىش ئۈچۈن باھانە كۆرسىتىپ رەسۇلۇللاھتىن رۇخسەت سورىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ پەسكەشلىكىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىنى بايان قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنىڭ بولسا، مال ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا مۇكاپات ۋەدە قىلىدۇ ۋە مۇكاپاتنىڭ نېمىلىكىنى بايان قىلىدۇ. 90 ~ 92 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ سۈرە نازىل قىلىنغاندا سەھرالىق ئەرەبلەردىن بەزىلەرنىڭ رەسۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزرە ئېيتقانلىقىنى ۋە جىھادقا چىقماسلىق توغرىسىدا رۇخسەت سورىغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ رۇخسەت سوراش ئۈچۈن كەلمەي ئۆيلىرىدە ئولتۇرغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئۆزرىلەرنى ۋە بۇ ئۆزرىلەرنىڭ ئىگىلىرى جىھادقا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَاءَ الْمُعَذِّرُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ لِيُؤْذَنَ لَهُمْ وَقَعَدَ الَّذِينَ كَذَبُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ سَيُصِيبُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئەئرابىيلاردىن ئۆزرە بايان قىلغۇچىلار (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سوراپ كەلدى. (ئىماننى دەۋا قىلىپ) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى (يەنى ئەئرابىيلاردىن يەنە بىر تۈركۈمى جىھادقىمۇ چىقمىدى، ئۆزرە بايان قىلىپمۇ كەلمىدى). ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەئرابىلاردىن ئۆزرە بايان قىلغۇچىلار جىھادقا چىقماسلىققا رۇخسەت سوراپ كەلدى. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى. ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆزرە ئېيتقۇچى سەھرالىق ئەرەبلەر، ئۆزلىرىگە رۇخسەت بېرىلىشى ئۈچۈن كەلدى. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغانچىلىق قىلغانلار ئولتۇردى[19]. ئۇلاردىن كافىر بولغانلارغا يېقىندا ئەلەملىك ئازاب يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بەزى مەدىنىلىك مۇنافىقلار باھانە كۆرسىتىپ غازاتقا چىقىشتىن ئايرىلىپ قالغاندەك، بەزى سەھرالىق ئەرەبلەرمۇ غازاتقا چىقىشتىن ئايرىلىپ قېلىش توغرىسىدا رۇخسەت سوراپ يېنىڭغا كەلدى، ئېغىزىدا ئىمان ئىزھار قىلىپ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغان ئېيتقانلار ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن يېنىڭغا كەلمىدى ۋە غازاتقىمۇ چىقمىدى. ئۇ كافىرلارغا يېقىندا ئەلەملىك ئازاب يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَيْسَ عَلَى الضُّعَفَاءِ وَلَا عَلَى الْمَرْضَىٰ وَلَا عَلَى الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ مَا يُنْفِقُونَ حَرَجٌ إِذَا نَصَحُوا لِلَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ مَا عَلَى الْمُحْسِنِينَ مِنْ سَبِيلٍ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئاجىزلار (يەنى ياشانغان بوۋايلار)، كېسەللەر، (جىھادقا چىقىشقا) خىراجەت تاپالمىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسىلا، جىھادقا چىقمىسا گۇناھ بولمايدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاجىزلارغا، كېسەللەرگە ۋە جىھادقا چىقىشقا خىراجەت تاپالمىغانلارغا، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسىلا، جىھادقا چىقمىغانلىقلىرى ئۈچۈن بىر گۇناھ يوق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاجىزلار، كېسەللەر ۋە چىقىم قىلىدىغان بىرەر نەرسە تاپالمايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سادىق بولغان تەقدىردە، ئۇرۇشقا چىقمىغانلىقلىرى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە ھېچقانداق يول يوقتۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر[20]. — ئەنەس ئالىم
غازاتتىن ئايرىلىپ قېلىش توغرىسىدا ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشىلەر ئاجىزلار، كېسەللەر ۋە غازات تەييارلىقىنى قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان پېقىرلاردۇر . ئەنە شۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سەمىمىي بولسىلا، غازاتقا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ ۋە ئەيىبلەنمەيدۇ، چۈنكى بۇلار ياخشى كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ياخشىلار ئۈچۈن مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭدۇر. ئەسكەرتىش: «ئەنە شۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سەمىمىي بولسىلا» - ئاجىزلار، كېسەللەر ۋە پېقىرلار ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالغان چاغلىرىدا پىتنىگە يول قويمىسا، يالغان خەۋەر تارقاتمىسا، ئۇرۇشقا كەتكەن مۇجاھىدلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ياردەمچى بولسا ۋە قولىدىن كېلىشىچە ياخشى ئىشلارنى قىلسا، ئۇرۇشقا چىقمىغانلىقلىرى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ، دېمەكتۇر. لېكىن بۇلارنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشىنى مەنئى قىلىدىغان ھۆكۈم يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىنىپلاردىن بىرى، قوشۇنغا يۈك بولماسلىق شەرتى بىلەن، ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقا چىقسا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا عَلَى الَّذِينَ إِذَا مَا أَتَوْكَ لِتَحْمِلَهُمْ قُلْتَ لَا أَجِدُ مَا أَحْمِلُكُمْ عَلَيْهِ تَوَلَّوْا وَأَعْيُنُهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُوا مَا يُنْفِقُونَ
يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ. ئۇلار (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى — مۇھەممەد سالىھ
يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار جىھادقا چىقىش ئۈچۈن سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، ئۇلارغا سەن: «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ؟ ئۇلار جىھادقا چىقىشقا سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭدەك، ئۇلاغقا مىندۈرۈپ ئۇرۇشقا يوللىشىڭ ئۈچۈن يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا: «سىلەرنى مىندۈرىدىغان بىرەر نەرسە تاپالمايمەن» دېسەڭ، چىقىم قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن غەمكىن بولۇپ، كۆزلىرى ياش تۆككەن ھالدا قايتىپ كەتكەنلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە ھېچقانداق يول يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! غازاتقا چىقىش ئۈچۈن يېنىڭغا كېلىپ، سەندىن ئۇلاغ تەلەپ قىلغان ۋە سېنىڭ: «سىلەرگە ئۇلاغ يېتىشمەيدۇ» دېگەن جاۋابىڭنى ئاڭلاپ ئىچ پۇشۇقىدىن يىغلىغان ھالدا قايتقان موھتاج مۇئمىنلارمۇ غازاتقا چىقمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ، شۇنداقلا ئەيىبلەنمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 90 ~ 92 - ئايەتلەردە غازاتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغانلار ئىچىدىمۇ ئەيىبلەشكە بولمايدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ. 93 ~ 96 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەيىبلىنىدىغان كىشىلەرنى تونۇتىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار قوشۇنى غازاتتىن قايتقاندىن كېيىنكى پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ وَهُمْ أَغْنِيَاءُ ۚ رَضُوا بِأَنْ يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئۇلار (جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، جىھادقا چىقماسلىققا رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك. ئۇلار، جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
باي تۇرۇپ سەندىن رۇخسەت سورايدىغان كىشىلەرنىلا ئەيىبلەشكە يول بار. ئۇلار ئۇرۇشتىن ئايرىلىپ قالغۇچى ئاياللار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قول - ئىلكىدە بار ۋە تېنى ساق، شۇنداقلا سەن بىلەن بىللە غازاتقا چىقىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئايرىلىپ قالغانلار گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئەيىبلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۈچسىز ئاياللار، ئاجىز قېرى - چۈرىلەر ۋە ماغدۇرسىز كېسەللەر بىلەن بىللە مەدىنىدە قېلىشقا رازى بولدى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭلاشقا ئۇلار ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ يامان ئاقۋىتىنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَعْتَذِرُونَ إِلَيْكُمْ إِذَا رَجَعْتُمْ إِلَيْهِمْ ۚ قُلْ لَا تَعْتَذِرُوا لَنْ نُؤْمِنَ لَكُمْ قَدْ نَبَّأَنَا اللَّهُ مِنْ أَخْبَارِكُمْ ۚ وَسَيَرَى اللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن) قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە (غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقلىرى توغرىسىدا) ئۆزرە بايان قىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرنىڭ (سۆزۈڭلارغا) ئىشەنمەيمىز، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى (ۋە دىلىڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) بىزگە خەۋەر قىلدى. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى) ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. (مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر ياكى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرامسىلەر؟)، ئاندىن كېيىن (يەنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ يېنىغا- مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن- قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە ئۆزرە بايان قىلىدۇ، -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرگە ئىشەنمەيمىز، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىزگە خەۋەر قىلدى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى -ئاللاھ- نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇرۇشتىن قايتىپ يېنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا سىلەرگە ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۆزرە ئېيتماڭلار. بىز سىلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىڭلارنى بىزگە بىلدۈردى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمىلىڭلارنىمۇ ئاللاھ كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ كۆرىدۇ. ئاندىن يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى زاتنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاندىن ئۇ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سىلەر غازاتتىن قايتىپ مەدىنىگە يېتىپ بارساڭلار، ئەنە شۇ ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق ئايرىلىپ قالغانلار يېنىڭلارغا كېلىپ ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئۆزرە ئېيتماڭلار، بىز سىلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەپتى - بەشىرەڭلەرنى بىزگە ئېچىپ بەردى، يالغانچىلىقىڭلارنى بىلدۈردى، سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرىدۇ، ئاندىن سىلەر ئۆلۈپ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ إِذَا انْقَلَبْتُمْ إِلَيْهِمْ لِتُعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ فَأَعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ إِنَّهُمْ رِجْسٌ ۖ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ)، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار ، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەمدى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇرۇشتىن قايتىپ يېنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا، ئەيىبلەشتىن يۈز ئۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلارنى ئەيىبلەشتىن يۈز ئۆرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار نىجىستۇر. قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر[21]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! غازاتتىن ئايرىلىپ قالغان ئۇ كىشىلەر سىلەر قايتىپ بارغاندا، رازى بولۇشۇڭلار ۋە قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇشۇڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ. ئۇلارغا ئىشەنمەڭلار، ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار ۋە نەپرەت قىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار نىجىستۇر ۋە جايى دوزاختۇر. بۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىدۇر. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە، ھال - ئەھۋالى ئوبدان تۇرۇقلۇق پەقەت قورقۇنچاقلىقى ۋە دىنغا ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىنلا ئۇرۇشقا قاتناشمىغان، ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ باھانە - سەۋەبلەر ئوتتۇرىغا قويغان، ھەتتا مۇئمىنلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قەسەم قىلغان مۇنافىقلارنىڭ «نىجىس» ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، مۇنافىق سەمىمىيەتسىز بولۇپ، يا مۇئمىنغا ئوخشاش ئىمانىنى ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ ياكى كافىرغا ئوخشاش كافىرلىقىنى ئېلان قىلالمايدۇ. مۇنافىق ۋىجدانسىز، مەيدانسىز ۋە تۇراقسىز بولۇپ، ئۇ ئاددىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەر خىل تۈسكە كىرىدۇ، ھەر تۈرلۈك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. مانا ئايەتنىڭ «نىجىس» دېگىنى، ئۇنىڭ بۇ يىرگىنچلىك تەبىئىتى، ناچار قىلىقى ۋە يامان ئەخلاقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَحْلِفُونَ لَكُمْ لِتَرْضَوْا عَنْهُمْ ۖ فَإِنْ تَرْضَوْا عَنْهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يَرْضَىٰ عَنِ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار (بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلارمۇ، شۈبھىسىزكى ئاللاھ پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن سىلەرگە قەسەم قىلىپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن رازى بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇ فاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلار سىلەرنى رازى بولسۇن دەپ قەسەم ئىچىدۇ، ناۋادا ئۇلارنىڭ قەسەملىرىگە ئالدىنىپ ئۇلاردىن رازى بولساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ رازىلىقىڭلارنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ توغرا يولدىن چىققان ئۇ قەۋمدىن رازى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلماقتىدۇر. ئاللاھ تائالا 90 - ئايەتتە سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدىن غازاتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلگەنلەرنى ۋە كەلمىگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتلەرگىچە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدۇ. 97 ~ 99 - ئايەتلەردە بولسا، سەھرالىق ئەرەبلەر ماۋزۇسىنى قايتا زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ يامانلىرىنى ۋە ياخشىلىرىنى، شۇنداقلا ھەر بىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْأَعْرَابُ أَشَدُّ كُفْرًا وَنِفَاقًا وَأَجْدَرُ أَلَّا يَعْلَمُوا حُدُودَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئەئرابىيلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر. ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەئرابىلارنىڭ كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ كافىرلىقى ۋە مۇنافىقلىقى تېخىمۇ قاتتىقتۇر. ئۇلار ئاللاھ، رەسۇلىغا نازىل قىلغان قانۇنلارنى بىلمەسلىككە تېخىمۇ لايىقتۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! سەھرالىق ئەرەبلەر كۇفرىلىق ۋە مۇنافىقلىق جەھەتتە بەك كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بىلمەسلىككە ئەڭ لايىقتۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئاشكارا - يوشۇرۇن پۈتكۈل ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلارنى بۇيرۇغان، توسقان ۋە يولغا قويغان ئىشلاردا، ئۇلارغا بېرىدىغان مۇكاپات ۋە جازالاردا ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَنْ يَتَّخِذُ مَا يُنْفِقُ مَغْرَمًا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ الدَّوَائِرَ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئەئرابىيلاردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەئرابىلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ يولىدا بەرگەن نەرسىلىرىنى جەرىمانە ھېسابلايدۇ ۋە سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچى، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[ — تەرجىمە ھەيئىتى
سەھرالىق ئەرەبلەردىن شۇنداق كىشى باركى، چىقىم قىلغان نەرسىسىنى ئالۋان - سېلىق ھېسابلايدۇ ۋە بېشىڭلارغا بالا - قازالارنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. بالا -قازانىڭ يامىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلسۇن! ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ بەزىسى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان نەرسىسىنى ئالۋان - سېلىق دەپ بىلىدۇ ۋە سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا بالا - مۇسىبەتلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. ئۇلار سىلەرگە كۈتكەن بالا - مۇسىبەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلسۇن! ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نىيەت ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَنْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَيَتَّخِذُ مَا يُنْفِقُ قُرُبَاتٍ عِنْدَ اللَّهِ وَصَلَوَاتِ الرَّسُولِ ۚ أَلَا إِنَّهَا قُرْبَةٌ لَهُمْ ۚ سَيُدْخِلُهُمُ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئەئرابىيلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) تولىمۇ مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەئرابىلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، ئاللاھ يولىدا بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سەھرالىق ئەرەبلەردىن شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ. چىقىم قىلغان نەرسىسىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشقا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئالىرىنى ئېلىشقا ۋاسىتە ھېسابلايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ چىقىم قىلغان نەرسىسى ئۇلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەبتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى كەلگۈسىدە رەھمىتىگە كىرگۈزىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە لايىق رەۋىشتە ئىشىنىدىغان، ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان نەرسىسىنى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋاسىتىسى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىش سەۋەبى دەپ بىلىدىغان كىشىلەر بار. ئەنە شۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان نەرسىلىرى ئۇلارنى ئاللاھقا چوقۇم يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋاسىتىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنى يېقىندا رەھمىتىگە كۆمىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ياخشىلار ئۈچۈن مەغپىرىتى ۋە مەرھەمىتى كۆپ زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُمْ بِإِحْسَانٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن ياخشىلىققا ئالدىرىغان دەسلەپكى كىشىلەر[22] بىلەن ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر تەييارلىدى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىمان، ھىجرەت، نۇسرەت (مۇھاجىر قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىش) ۋە جىھاد پائالىيەتلىرىدە ئەڭ ئالدى سەپتە ماڭغان كىشىلەر بىلەن بۇ كىشىلەرگە ئۇ پائالىيەتلەردە ئەگەشكەنلەر ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە ماددىي - مەنىۋى مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ مەمنۇن بولىدۇ. دېمەككى، «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر». ئۇ يولغا كىرىپ تۈز ماڭغان بولۇش ئۈچۈن ئىككى شەرت بار: بىرى قۇرئان كەرىم كۆرسەتكەن يولنى ئىككىلى دۇنيادا نىجاتلىق يولى دەپ قوبۇل قىلىش، يەنە بىرى ئۇ يولدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى تۇنجى مۇئمىنلارنى ئۈلگە ئېلىپ مېڭىش. ئەسكەرتىش: «مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن ياخشىلىققا ئالدىرىغان دەسلەپكى كىشىلەر» - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش، ھىجرەت قىلىش، ھىجرەت قىلغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە مەككە فەتھى بولۇشتىن بۇرۇن جىھاد قىلىش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى ئەڭ باشتا قىلغان دەسلەپكى مۇھاجىر ۋە ئەنسار مۇئمىنلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا 42 ~ 99 - ئايەتلەرنىڭ ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، باھانە كۆرسىتىپ «تەبۇك غازىتى»دىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلارنى، ئومۇمىي مۇنافىقلارنى ۋە سەھرالىق مۇنافىقلارنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارغا، ئۇلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، ئاندىن 100 - ئايەتتە مۇئمىنلارنىڭ سەردارلىرىنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا قىيامەتكە قەدەر بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنى ئۈلگە ئېلىشىنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. 101 ~ 106 - ئايەتلەردە بولسا، مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى سەھرالىقلارنىڭ ئىچىدە باشقا مۇنافىقلارنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە مەدىنە ئاھالىسى ئىچىدە مەخپىي مۇنافىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جازاسىنى بىلدۈرىدۇ، غازاتتىن مۇنافىقلىق قىلىپ ئەمەس، ئەكسىچە ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئايرىلىپ قالغان، لېكىن غازاتتىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلغان، شۇنداقلا تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بېرىدۇ، ئۇلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىنى ئۆگىتىدۇ، تەۋبە قىلمىغانلارنى تەۋبە قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ ۋە تەۋبە قىلماسلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِمَّنْ حَوْلَكُمْ مِنَ الْأَعْرَابِ مُنَافِقُونَ ۖ وَمِنْ أَهْلِ الْمَدِينَةِ ۖ مَرَدُوا عَلَى النِّفَاقِ لَا تَعْلَمُهُمْ ۖ نَحْنُ نَعْلَمُهُمْ ۚ سَنُعَذِّبُهُمْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَىٰ عَذَابٍ عَظِيمٍ
ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىيلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز. ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز، ئۇلارنى ئىككى قېتىم جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب-دوزاخ ئازابى-غا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەتراپىڭلاردىكى سەھرالىق ئەرەبلەردىن مۇنافىقلار بار، مەدىنە ئەھلىدىنمۇ مۇنافىقلىق قىلىشقا ئۇستىلىشىپ كەتكەنلەر بار. سەن ئۇلارنى بىلمەيسەن، ئۇلارنى بىز بىلىمىز. بىز ئۇلارنى ئىككى قېتىم ئازابلايمىز. ئاندىن ئۇلار چوڭ ئازابقا قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەتراپىڭلاردا ياشايدىغان سەھرالىقلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇنافىقلار بار. شۇنىڭدەك، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇنافىقلىققا ئادەتلىنىپ ئۇستىلىشىپ كەتكەن مۇنافىقلار بار بولۇپ، سىلەر ئۇلارنى بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى بىز بىلىمىز. بىز يېقىندا ئۇلارنى ئىككى قېتىم ئازابلايمىز، ئاندىن ئۇلار بۈيۈك ئازابقا قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَآخَرُونَ اعْتَرَفُوا بِذُنُوبِهِمْ خَلَطُوا عَمَلًا صَالِحًا وَآخَرَ سَيِّئًا عَسَى اللَّهُ أَنْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى (يەنى باشقىلارغا ئوخشاش جىھادقا چىقمىغانلىقىغا يالغان ئۆزرە ئېيتمىدى). ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلغان باشقىلىرىمۇ بار. ئۇلار ياخشى ئىشنى يامان ئىش بىلەن ئارىلاشتۇردى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەتراپىڭلاردىكى سەھرالىقلاردىن ۋە مەدىنە ئاھالىسىدىن باشقا بىر تۈرلۈك كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار غازاتتىن ھۇرۇنلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئايرىلىپ قالغان، ئاندىن گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ ھەقكە قايتقان مۇئمىن كىشىلەردۇر. بۇ كىشىلەر ئىمان ئېيتىش ۋە ئىلگىرىكى غازاتلارغا قاتنىشىشتەك ياخشى ئىشمۇ قىلدى، يالغان ئېيتىپ بۇ نۆۋەتتىكى غازاتتىن ئايرىلىپ قېلىشتەك يامان ئىشمۇ قىلدى، لېكىن گۇناھىنى تونۇپ تەۋبە قىلدى، ئاللاھ بۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئاللاھ تەۋبە قىلغانلار ئۈچۈن مەغپىرىتى ۋە مەرھەمىتى كۆپ زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سۆزىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىنكى، سەن ئۇ سەدىقە بىلەن ئۇلارنى گۇناھلاردىن، بولۇپمۇ بېخىللىق، ئاچ كۆزلۈك ۋە باغرى قاتتىقلىقتىن پاكلايسەن، ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئىخلاسمەنلەرنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرىسەن. ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلغىن. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارنىڭ دىلىغا ھۇزۇر ۋە ئاراملىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئېتىراپلىرىنى ۋە سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ سەمىمىي تەۋبە قىلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ نىيەت ۋە قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ هُوَ يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَأْخُذُ الصَّدَقَاتِ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
ئۇلار (يەنى تەۋبە قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، (خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ) سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە سەدىقىلىرىنى ئالىدۇ. ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
گۇناھ قىلغانلار ئاللاھنىڭ لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى ۋە خالىس سەدىقىلەرنى قويۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ سەمىمىي قىلىنغان تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلىشتا ئىلتىپاتى چوڭ ۋە رەھمىتى كەڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سەمىمىي تەۋبە قىلسا ۋە خالىس سەدىقە بەرسە بولمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقُلِ اعْمَلُوا فَسَيَرَى اللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ وَالْمُؤْمِنُونَ ۖ وَسَتُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ. يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەرنى) بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
-ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «خالىغان ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۇئمىنلار كۆرۈپ تۇرىدۇ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۇئمىنلارمۇ كۆرىدۇ. يېقىندا يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى زاتنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! غازاتتىن ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئايرىلىپ قالغان، كېيىن پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلغان ئۇ كىشىلەرگە ئېيتقىنكى: «ئەمەل قىلىڭلار، مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىشتا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا سۇسلۇق قىلماڭلار، ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلارمۇ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرىدۇ - دە، سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا مۇئامىلە قىلىدۇ، سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە سىلەرنى لايىق بولغان جايىڭلارغا (جەننەتكە ياكى دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَآخَرُونَ مُرْجَوْنَ لِأَمْرِ اللَّهِ إِمَّا يُعَذِّبُهُمْ وَإِمَّا يَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
يەنە بىر قىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەر (نىڭ ئىشى) ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ يا ئۇلارنى (تەۋبە قىلمىسا) جازالايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
يەنە بىر قىسىملىرى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى؛ ئاللاھ يا ئۇلارنى جازالايدۇ، ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇرۇشقا چىقمىغان يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى. ئاللاھ ئۇلارنى يا ئازابلايدۇ ياكى تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
غازاتتىن ھۇرۇنلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئايرىلىپ قالغان ئۈچىنچى بىر تۈركۈم كىشىلەر بار. ئاللاھ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى كېچىكتۈرگەن (تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىغا ياكى قوبۇل قىلىنمىغانلىقىغا ھۆكۈم نازىل قىلمىغان) كىشىلەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى خالىسا ئازابلايدۇ، خالىسا تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىپ قوبۇل قىلىدۇ ۋە كەچۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمىتى بويىچە قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ نىيەت ۋە ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ھېكمىتى بويىچە ئۇلارغا لايىق بولغان ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مَسْجِدًا ضِرَارًا وَكُفْرًا وَتَفْرِيقًا بَيْنَ الْمُؤْمِنِينَ وَإِرْصَادًا لِمَنْ حَارَبَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ وَلَيَحْلِفُنَّ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا الْحُسْنَىٰ ۖ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
بەزى كىشىلەر مۆمىنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى بوزۇش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەم (يەنى ئەبۇئامر راھىب) نىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
بەزى كىشىلەر مۇئمىنلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىنى پارچىلاش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەمنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق مۇنافىقلارمۇ باركى، ئۇلار مۇئمىنلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىلىق قىلىش، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈش، بۇرۇن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى تۇرغان كىشىلەرنى كۈتۈش ئۈچۈن مەسچىت سالدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «بىز بۇنىڭ بىلەن پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق بىر جامائە باركى، ئۇلار بىر مەسجىد بىنا قىلدى، لېكىن ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى مەۋجۇد مەسجىدكە (جامائەتنى كېمەيتىش بىلەن) زىيان سېلىش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۇئمىنلارنى بۆلۈپ پارچىلاش ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن بىنا قىلدى. ئۇلار بۇ مەسجىدنى بىنا قىلىشتا مەقسىتىنىڭ (ئاجىز، كېسەلچان ۋە باشقا ئۆزرىلىك كىشىلەرگە قۇلايلىق يارىتىش، سوغۇق، بوران - چاپقۇن ۋە قار - يامغۇرلاردا يىراقتىكى مەسجىدكە بارالمايدىغانلارغا جامائەت بولۇش پۇرسىتى چىقىرىش دېگەندەك) ئەڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئىكەنلىكىگە دائىر قەسەم ئىچىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغان قەسەم ئىچمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا تَقُمْ فِيهِ أَبَدًا ۚ لَمَسْجِدٌ أُسِّسَ عَلَى التَّقْوَىٰ مِنْ أَوَّلِ يَوْمٍ أَحَقُّ أَنْ تَقُومَ فِيهِ ۚ فِيهِ رِجَالٌ يُحِبُّونَ أَنْ يَتَطَهَّرُوا ۚ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُطَّهِّرِينَ
ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر ، ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد، ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر، ئۇنىڭدا گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مەسچىتتە ھەرگىزمۇ ناماز ئۆتىمىگىن! بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد، سېنىڭ ناماز ئۆتىشىڭگە ئەڭ لايىقتۇر. ئۇنىڭدا پاك بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مەسجىدتە ھەرگىزمۇ ناماز ئۆتىمىگىن، باشتىلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد (قۇبا مەسجىدى) سېنىڭ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىنى ئادا قىلىشىڭغا ئەڭ لايىقتۇر. ئۇ مەسجىدتە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پاكلاشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتىن پاكلىغۇچى كىشىلەرنى سۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَمَنْ أَسَّسَ بُنْيَانَهُ عَلَىٰ تَقْوَىٰ مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانٍ خَيْرٌ أَمْ مَنْ أَسَّسَ بُنْيَانَهُ عَلَىٰ شَفَا جُرُفٍ هَارٍ فَانْهَارَ بِهِ فِي نَارِ جَهَنَّمَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
(دىننىڭ) بىناسىنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلىق ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاساسىغا قۇرغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى ئۇنى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ گىرۋىكىگە قۇرۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىناسىنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە رازىلىقى ئاساسىغا قۇرغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ گىرۋىكىگە قۇرۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىناسىنى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىغا سالغان كىشى ياخشىمۇ ياكى بىناسىنى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ لېۋىگە سېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جەھەننەم ئوتىنىڭ ئىچىگە دومىلانغان كىشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بىناسىنى ئىخلاس ۋە تەقۋالىق ئۈستىگە سالغانلار بىلەن بىناسىنى مۇنافىقلىق ۋە كافىرلىق ئۈستىگە سالغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، چۈنكى ئىخلاسمەن ۋە تەقۋادارلار بىناسىنى (مەسجىدىنى) نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئۆتەش، تەلىم - تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، مۇئمىنلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىش ۋە ھەمكارلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىشلارنى توغرا يۈرۈتۈش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتى بىلەن سالغان. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى يۈرۈشىدۇ ۋە مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇنافىقلارغا كەلسەك، ئۇلار بىناسىنى (مەسجىدىنى) مۇئمىنلارنىڭ مەسجىدىدىكى ياخشى پائالىيەتلەرگە توسالغۇ بولۇش، كۇفۇرنى كۈچەيتىش، مۇئمىنلارنى بۆلۈش ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرىگە ئورۇن تەييارلاش قاتارلىق يامان غەرەزلەر بىلەن سالدى. ئۇلارنىڭ بۇ غەرەزلىرى دۇنيادا ئەمەلگە ئاشماسلىق بىلەن بىرگە، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يَزَالُ بُنْيَانُهُمُ الَّذِي بَنَوْا رِيبَةً فِي قُلُوبِهِمْ إِلَّا أَنْ تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگۈچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى (يەنى مەسجىدى زىرار) دىللىرىدىكى گۇمان (مۇناپىقلىق) نىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ (مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارنى جازالاشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگىچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى -مەسجىدى زىرار-، دىللىرىدىكى گۇماننىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ سالغان بىناسى، قەلبلىرى پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەنگە قەدەر قەلبلىرىدە داۋاملىق شەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار سالغان مەسجىدكە كەلسەك، ئۇ مەسجىد ئۇلار (تەۋبە قىلماي مۇنافىقلىقىنى ئۆلگۈچە داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە) ئۆلگەنگە قەدەر قەلبلىرىدە بىئاراملىق، ئەنسىزلىك ۋە ئەندىشە سەۋەبى بولۇپ داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىدۇ ۋە ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلىدۇ، جۈملىدىن بۇ مۇنافىقلارنىڭ نىيەت ۋە ئەمەللىرىنى بىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆز ھېكمىتى بويىچە لايىق بولغان جازانى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ اشْتَرَىٰ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ أَنْفُسَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ بِأَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَ ۚ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيَقْتُلُونَ وَيُقْتَلُونَ ۖ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ وَالْقُرْآنِ ۚ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِ مِنَ اللَّهِ ۚ فَاسْتَبْشِرُوا بِبَيْعِكُمُ الَّذِي بَايَعْتُمْ بِهِ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (ئاللاھنىڭ) راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار ، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلاردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇ، تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان ئاللاھنىڭ راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلارغا جەننەتنى بېرىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشىدۇ. بۇ يولدا ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان راست ۋەدىسىدۇر. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلىدىغان كىم بار؟ ئۇنداقتا ئاللاھ بىلەن قىلىشقان بۇ سوداڭلارغا خۇشال بولۇڭلار. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر[23]. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ جان ۋە ماللىرىنى جەننەتكە سېتىۋالدى؛ ئاللاھ مۇئمىنلاردىن جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ئالدى، ئۇلارغا جەننەتنى بەردى، مۇئمىنلار جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلدى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە جەننەتنى ئالدى. ئاللاھ بۇ سودىنىڭ مۇشۇنداق پۈتىدىغانلىقىنى تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاندا ۋەدە قىلغان بولۇپ، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلىدىغان ھېچكىم يوق. ئى مۇئمىنلار! شۇڭلاشقا ئاللاھ بىلەن قىلىشقان بۇ سوداڭلارغا سۆيۈنۈڭلار. بۇ سودا ناھايىتى بۈيۈك مۇۋەپپىقەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(9-سۈرە تەۋبە، 112-ئايەت) يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ياخشىلىققا بۇيرۇش يامانلىقتىن توسۇش تەۋبە قىلىشالتَّائِبُونَ الْعَابِدُونَ الْحَامِدُونَ السَّائِحُونَ الرَّاكِعُونَ السَّاجِدُونَ الْآمِرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَالنَّاهُونَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَالْحَافِظُونَ لِحُدُودِ اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
ئۇلار (گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھقا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن يانغۇچىلار)دۇر. (ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە) مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلار، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغۇچىلار، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. مۇئمىنلارغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، ھەمد ئېيتقۇچى، ئاللاھ يولىدا سەپەرگە چىققۇچى، رۇكۇ قىلغۇچى، سەجدە قىلغۇچى، ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى، يامانلىقتىن توسقۇچى، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىغا رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئەنە شۇ مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ بىلەن ئەنە شۇ سودىنى قىلىشقان مۇئمىنلارنىڭ باشقا سۈپەتلىرى شۇكى، ئۇلار ئۆتكۈزگەن كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىدىغان، ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن يېنىپ ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان، تائەت - ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىدىغان، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدىغان، ئىلىم تەلەپ قىلىش، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئىجرا قىلىش، دەۋەت پائالىيىتىنى يۈرۈتۈش، غازات قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاپ ئاللاھ يولىدا چىقىدىغان، نامازلىرىدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى كامىل ئادا قىلىدىغان، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا بويسۇنىدىغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ سۈپەتلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن مۇئمىنلارغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە جەننىتى بىلەن خۇش خەرۋەر بەرگىن. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ كۆپلىگەن ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى، ئەھدىسىنى بۇزغان مۇشرىكلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ ۋە بۇنىڭ يولىنى بايان قىلىدۇ، مۇئمىنلارغا ئومۇمىي مۇنافىقلارنى ۋە باھانە كۆرسىتىپ «تەبۇك غازىتى»دىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلارنى تونۇتىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلارغا، كۆفرىلىق ۋە مۇنافىقلىق قىلغان بارلىق پىرقىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ، ئۆلگەن مۇنافىقلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن ئالاھىدە توسىدۇ. 113 ~ 116 - ئايەتلەردە بولسا، مۇئمىنلارنى، مۇشرىكلارغا ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ مەغپىرەت تىلەشتىن توسىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىك ئاتىسىغا مەغپىرەت تىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ قەۋملەرنى ئازدۇرۇۋېتىشتىكى قانۇنىنى ئۇقتۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ كائىناتتا مۇتلەق ھاكىمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ، مۇئمىنلارنى ئۆزىنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنىشقا ۋە ئۆزىنىڭ نۇسرىتىنى تىلەشكە تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قُرْبَىٰ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُمْ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلارغا مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى
نەبىيگە ۋە مۇئمىنلارغا مۇشرىكلارنىڭ جەھەننەم ئەھلى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ مۇشرىكلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشلىرى توغرا ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلار مۇشرىكلارنىڭ كۇفىرلىق ئۈستىدە ئۆلۈپ دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىشى توغرا بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كَانَ اسْتِغْفَارُ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَنْ مَوْعِدَةٍ وَعَدَهَا إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ أَنَّهُ عَدُوٌّ لِلَّهِ تَبَرَّأَ مِنْهُ ۚ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَأَوَّاهٌ حَلِيمٌ
ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى (يەنى كۆڭلى يۇمشاق)، (يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) چىداملىق ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى -كۆڭلى يۇمشاق- ۋە چىداملىق بىر كىشى ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، پەقەت ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن ئىدى. كېيىن ئىبراھىمغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولدى. شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم باغرى يۇمشاق، ئېغىر - بېسىق كىشى ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىمنىڭ مۇشرىك ئاتىسىغا مەغپىرەت تىلىشى مەسىلىگە كەلسەك، ئىبراھىم مەزكۇر ئاتىسىغا بۇ ھەقتە قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈنلا مەغپىرەت تىلىگەن، لېكىن ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ شېرىك ئېتىقادى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ئۇنىڭدىن بىزار بولغان. ئىبراھىم ھەقىقەتەن باشقىلارغا بەك ئىچ ئاغرىتىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈنگەنلەرنى جازالاشقا ئالدىرىمايدىغان بىرى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْمًا بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُمْ مَا يَتَّقُونَ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نېمىلەردىن ساقلىنىشى لازىم ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئېنىق بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئازدۇرمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ، ئۆزى تېخى چەكلىمىگەن بىرەر يامان ئىشنى قىلغانلارنى ھەرگىزمۇ ئازدۇرۇۋەتمەيدۇ (ئازغۇن كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلمايدۇ)، ئۇلارنى ئەيىبلىمەيدۇ ۋە جازالىمايدۇ. ئەكسىچە ئىنسانلارغا ئالدى بىلەن ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كىتاب نازىل قىلىش ۋە ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئېنىق بىلدۈرىدۇ، ئاندىن بىلىپ تۇرۇپ يامان ئىش قىلغانلارنى ئازدۇرۇۋېتىدۇ، ئەيىبلەيدۇ ۋە جازالايدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ بىر قانۇنىدۇر. شۇڭلاشقا ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن، مۇشرىكلارغا مەغپىرەت تىلەشتىن مەنئى قىلىشتىن ئىلگىرى، مۇشرىك پېتى ئۆلگەن يېقىنلىرىڭلار مەغپىرەت تىلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئازغۇن قاتارىغا چىقىرىۋەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۚ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوق — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ ۋە تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھى پەقەتلا ئاللاھتۇر؛ ئۇلارنى يارىتىش، لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش، باشقۇرۇش، ئەجىلى توشقانلارنى يوق قىلىش، يېڭىسىنى يارىتىش... قاتارلىق ئىشلارنى پەقەتلا ئاللاھ قىلغان، ئاللاھ قىلىدۇ ۋە ئاللاھ قىلماقتا. ناۋادا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلساڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قۇتقۇزىدىغان بىرەر ھامىيڭلارمۇ بولمايدۇ، بىرەر مەدەتكارىڭلارمۇ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ئىشىنىڭلار ۋە ئىشەنچ باغلاڭلار، ئاللاھ يولىدا ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماستىن ئۇرۇش قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ جان ۋە ماللىرىڭلارنى جەننەتكە سېتىۋالغان، بۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (38 - ئايەتتىن باشلاپ) غازاتقا تەرغىب قىلىدۇ، غازاتقا سۇسلۇق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، خۇسۇسەن يالغان ئۆزرە ئېيتىپ «تەبۇك غازىتى»دىن ئايرىلىپ قالغان مۇنافىقلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. 117 ~ 119 - ئايەتلەردە بولسا، «تەبۇك غازىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر مەسىلىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئۇ غازات ئەسناسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ۋە مۇئمىنلاردىن سادىر بولغان سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنىڭ ئەپۇ قىلىنغانلىقنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلىشىدۇر، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ چاغدا باھانە كۆرسىتىپ رۇخسەت سورىغان مۇنافىقلارغا رۇخسەت بەرگەن، مۇئمىنلار غازات سەپەرۋەرلىكى ئېلان قىلىنغاندا سۇسلۇق قىلغان، سەل قارىغان ۋە پائال بولمىغان، شۇنداقلا كۆڭۈللىرىگە ھەر تۈرلۈك خىياللارنى كەلتۈرگەن، ھەتتا بەزىلىرى ھۇرۇنلۇق قىلىپ قاتناشمىغان. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدْ تَابَ اللَّهُ عَلَى النَّبِيِّ وَالْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ فِي سَاعَةِ الْعُسْرَةِ مِنْ بَعْدِ مَا كَادَ يَزِيغُ قُلُوبُ فَرِيقٍ مِنْهُمْ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّهُ بِهِمْ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ نەبىنىڭ ۋە قىيىن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئەسنادا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھنىڭ قەلبلىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغان ئىدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا شەپقەتلىكتۇر ۋە ئىنئامى كۆپتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى، يالغان ئۆزرە ئېيتقانلارنى ۋە راست ئۆزرە ئېيتقانلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ، غازاتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان مۇنافىقلارغا رۇخسەت بېرىشتىن ئىبارەت كەمچىلىكىگە تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ئەپۇ قىلدى. شۇنىڭدەك، ھاۋا ئىسسىق، يول ئۇزۇن، ئوزۇقلۇق ئاز ۋە ئۇلاغ يېتىشمىگەن قىيىن ئەھۋال ئاستىدا پەيغەمبەر بىلەن بىللە غازاتقا چىققان مۇھاجىر ۋە ئەنسار ساھابىلەرنىمۇ تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ كۆڭۈللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ، راھەت - پاراغەتكە ئىنتىلىشكە تاس قالغاندا ئاللاھ ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنى ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، خاتالىقىنى تونۇپ تەۋبە قىلىشقا نېسىپ قىلدى، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَلَى الثَّلَاثَةِ الَّذِينَ خُلِّفُوا حَتَّىٰ إِذَا ضَاقَتْ عَلَيْهِمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ وَضَاقَتْ عَلَيْهِمْ أَنْفُسُهُمْ وَظَنُّوا أَنْ لَا مَلْجَأَ مِنَ اللَّهِ إِلَّا إِلَيْهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ لِيَتُوبُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ھۆكۈملىرى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاخىرىدا شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار كەلگەن، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىمۇ تار كەلگەن[24]، ئۇلار ئاللاھتىن قېچىشنىڭ ئاللاھقا سېغىنىشتىن باشقا يولى يوقلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى، تەۋبىلىرىدە تۇرسۇن دەپ ئەنە شۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن قوبۇل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ «تەبۇك غازىتى»دىن مۇنافىقلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھۇرۇنلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئىشلىرى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىمۇ تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ئەپۇ قىلدى، چۈنكى ئۇلار سەمىمىي تەۋبە قىلغان ۋە قاتتىق پۇشايمان قىلغان، ھەتتاكى ئۇلار شۇنچە كەڭ زېمىننىڭ ئۆزلىرىگە تار كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىگە تار كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان؛ ئىچىكى دۇنيالىرى غەم - قايغۇ، ۋىجدان ئازابى ۋە ئىچ پۇشۇقىغا توشۇپ كەتكەنلىكى، روھلىرىنى غەم - ئەندىشە چىرمىۋالغانلىقى ۋە قەلبلىرىنى قورقۇنچ بېسىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى تارلىق قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ دەرد - ئەلىمى ئۆزلىرىدىن چوڭ، ھەسرىتى ھەددىدىن زىيادە ئىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە جازاسىدىن قېچىش ئۈچۈن يەنە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئۇلار تەۋبە ۋە پۇشايمان قىلىپ ئەنە شۇ ئەھۋالغا يەتكەندە ئاللاھ ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىن تەۋبىسىدە تۇرسۇن دەپ تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ سەمىمىي ھالدا تەۋبە قىلغان بارلىق تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! تەقۋالىق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇڭلار؛ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگىشىڭلار، سۆز - ھەرىكەتلىرىڭلاردا سەمىمىي بولۇش، ئىسلامغا سادىق بولۇش ۋە غازات دەۋىتىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىش بىلەن «راستچىلللار»نىڭ قاتارىغا قوشۇلۇڭلار. ئاللاھ تائالا 117 ~ 119 - ئايەتلەردە «تەبۇك غازىتى» ئەسناسىدا كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن مۇئمىنلارنىڭ ئەپۇ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق بېرىدۇ. 120 - ۋە 121 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ دەۋەت قىلغان غازاتلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق ۋە ئۆز جانلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ جېنىدىن ئەزىز كۆرمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا كَانَ لِأَهْلِ الْمَدِينَةِ وَمَنْ حَوْلَهُمْ مِنَ الْأَعْرَابِ أَنْ يَتَخَلَّفُوا عَنْ رَسُولِ اللَّهِ وَلَا يَرْغَبُوا بِأَنْفُسِهِمْ عَنْ نَفْسِهِ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ لَا يُصِيبُهُمْ ظَمَأٌ وَلَا نَصَبٌ وَلَا مَخْمَصَةٌ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَطَئُونَ مَوْطِئًا يَغِيظُ الْكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنْ عَدُوٍّ نَيْلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ بِهِ عَمَلٌ صَالِحٌ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ (يەنى ئۇلارنى جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشتىن مەنئى قىلىش) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق) ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب) يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارنىڭ، رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مەدىنە ئەھلىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ، رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئۇنىڭ جېنىدىن بۇرۇن ئۆز جانلىرىنىڭ قايغۇسىغا چۈشۈشى ئۇلارغا ياراشمايدۇ. شۇنداق، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ يولىدا يەتكەن ھەر ئۇسسۇزلۇق، ھەر ھارغىنلىق ۋە ھەر ئاچلىق ئۈچۈن، كافىرلارنى غەزەپلەندۈرگەن ھەر قەدىمى ۋە دۈشمەنگە قارشى قازانغان ھەر مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن چوقۇم بىر ياخشى ئەمەل يېزىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
مەدىنە ئاھالىسىنىڭ ۋە ئەتراپتىكى مەھەللىلەردە ياشايدىغان ئاھالىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە غازات قىلىشتىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئۆز جانلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ جېنىدىن ئەلا بىلىپ، رەسۇلۇللاھ غازاتقا كەتسە راھەت - پاراغەتكە بېرىلىپ ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ يولىدا تارتقان ھەر جاپا، چەككەن ھەر مۇشەققەت، كافىرلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان ھەر قەدەم ۋە ئۇلارغا يەتكۈزىدىغان ھەر مۇسىبەت، ئۇلارنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە بىر ياخشى ئەمەل بولۇپ يېزىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا يُنْفِقُونَ نَفَقَةً صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً وَلَا يَقْطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن سەرپ قىلغانلىرى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ[ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭدەك، ئۇلار كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن قانداق چىقىمنى چىقىم قىلسا ۋە ئاللاھ يولىدا قانداق ۋادىدىن ئۆتسە ئۇلارنىڭ پايدىسىغا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، ئۇلار ئاللاھ يولىدا كىچىك بولسۇن چوڭ بولسۇن قىلغان ھەر چىقىم ۋە ئاللاھ يولىدا قىلغان ھەر يولۇچىلىقمۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە ياخشى ئەمەللەر بولۇپ يېزىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ ياخشى ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ. ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە غازاتقا چىقمىغان تەقدىردە گۇناھكار بولۇش بىلەن بىرگە، ئەنە شۇ ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاللاھ تائالا 120 - ۋە 121 - ئايەتتە رەسۇلۇللاھ ئۆزى غازاتقا چىقسا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ. 122 - ئايەتتە بولسا، غازاتقا رەسۇلۇللاھ ئۆزى چىقماي قوشۇن ئەۋەتكەندە، ھەممەيلەننىڭ چىقىشىنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بىر بۆلۈك مۇئمىننىڭ ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولۇشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كَانَ الْمُؤْمِنُونَ لِيَنْفِرُوا كَافَّةً ۚ فَلَوْلَا نَفَرَ مِنْ كُلِّ فِرْقَةٍ مِنْهُمْ طَائِفَةٌ لِيَتَفَقَّهُوا فِي الدِّينِ وَلِيُنْذِرُوا قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوا إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُونَ
مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟ — مۇھەممەد سالىھ
مۇئمىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى كېرەك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن بىر تۈركۈمى، دىن ساھەسىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇش ۋە قەۋملىرى قايتقان ۋاقىتلىرىدا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن ئورۇشقا چىقمىسا بولماسمىدى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشى كېرەك ئەمەس. ئۇنداقتا نېمىشقا ھەر جامائەدىن بىر تۈركۈم كىشى دىننى ئوبدان ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋە قايتىپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، يامانلىقلاردىن ساقلىنار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن چىقمىدى؟ — ئەنەس ئالىم
مۇئمىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ زۆرۈر تېپىلمىغۇچە ۋە ئومۇميۈزلۈك دەۋەت قىلىنمىغۇچە غازاتقا چىقىشى توغرا بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەر رايوندىن كۇپايە قىلغۇدەك مىقداردا بىر توپ كىشىنىڭ غازاتقا چىقىشى يېتەرلىك بولىدۇ. قالغانلارنىڭ دىنىي مەسىلىلەرنى ئوبدان ئۆگىنىشى ۋە قەۋمىنى، قايتىپ يېنىغا كەلگەندە ئاگاھلاندۇرۇشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قَاتِلُوا الَّذِينَ يَلُونَكُمْ مِنَ الْكُفَّارِ وَلْيَجِدُوا فِيكُمْ غِلْظَةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى سىلەرگە ئورۇش ئاچقان كۇففارلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار)، سىلەرنى ئۇلار قاتتىق ھېس قىلسۇن (يەنى ئۇرۇش ئۈستىدە ئۇلارغا قاتتىق قول بولۇڭلار ، ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمىسۇن)، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھ تەقۋادارلارغا مەدەتكاردۇر) — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، سىلەرنى ئۇلار ھېس قىلسۇن، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن بولغان كافىرلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئۇلار سىلەردە قاتتىق قوللۇق ھېس قىلسۇن. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ۋەتىنىڭلارغا ۋە سىلەرگە خەتەر تەشكىل قىلماسلىقى ئۈچۈن قوشنا كېلىدىغان كافىرلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، ئۇلارغا ئۇرۇشتا قاتتىق قول بولۇڭلار، رەھىم - شەپقەت قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادار (ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان) كىشىلەرگە ياردەم قىلىدۇ ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (بۇ سۈرىنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە) مۇنافىقلارنىڭ رەزىللىك، قەبىھلىك ۋە رەسۋاچىلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ. 124 ~ 127 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنمىغان يامان قىلمىشلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا مَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ فَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ أَيُّكُمْ زَادَتْهُ هَٰذِهِ إِيمَانًا ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَزَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَهُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
(قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل ـ ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئاندىن بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار- يەنى مۇناپىقلار-دىن : «بۇ قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار. مۇئمىنلارغا كېلىدىغان بولساق، بۇ سۈرە، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار خۇشال بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
قاچانىكى بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، مۇنافىقلارنىڭ بەزىسى: «بۇ سۈرە قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى زىيادە قىلدى؟» دەپ سورايدۇ. مۇئمىنلارغا كەلسەك، ئۇ سۈرە ئۇلارنىڭ ئىمانىنى زىيادە قىلدى. ئۇلار بىر - بىرىگە خۇش خەۋەر بېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تەرىپىدىن بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، مۇنافىقلار ئاڭلاپ مەسخىرە قىلىدۇ، زاڭلىق قىلىدۇ ۋە بىر - بىرىگە: «بۇ سۈرە قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى زىيادە قىلدى؟» دەيدۇ. ئۇ سۈرە مۇئمىنلارنىڭ ئىمانىنى زىيادە قىلىدۇ ۋە ئۇ مۇئمىنلار ئۇ سۈرىنىڭ نازىل بولغانلىقىغا سۆيۈنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَىٰ رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا وَهُمْ كَافِرُونَ
دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى — مۇھەممەد سالىھ
دىللىرىدا كېسەل بار - مۇناپىق- لارغا كېلىدىغان بولساق، بۇ سۈرە ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى[ — تەرجىمە ھەيئىتى
قەلبلىرىدە كېسەل بارلارغا كەلسەك، ئۇ سۈرە ئۇلارنىڭ مەينەتچىلىكىگە مەينەتچىلىك قوشتى ۋە ئۇلار كافىر پېتى ئۆلدى. — ئەنەس ئالىم
مۇنافىقلارغا كەلسەك، ئۇ سۈرە ئۇلارنىڭ نىجىسلىقىغا نىجىسلىق قاتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، ئۇلار كافىر پېتى ئۆلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَلَا يَرَوْنَ أَنَّهُمْ يُفْتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٍ مَرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمْ يَذَّكَّرُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇلار توغرىسىدا ۋەھىي نازىل بولۇپ، سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ (يەنى نىفاقتىن قايتمايدۇ)، ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ ۋە ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنالغانلىقىنى كۆرمەمدۇ؟ ئۇلار يەنىلا تەۋبە قىلمايدۇ ۋە ئويلانمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم غازاتقا چاقىرىلىش بىلەن سىنالغانلىقىنى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەپتى - بەشىرىلىرى چىتقا يېيىلىپ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ مۇنافىقلىقتىن يەنىلا تەۋبە قىلمايۋاتقانلىقىنى ۋە ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئالمايۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتسە بولمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا مَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ نَظَرَ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ هَلْ يَرَاكُمْ مِنْ أَحَدٍ ثُمَّ انْصَرَفُوا ۚ صَرَفَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَفْقَهُونَ
(ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدىكى چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئاندىن بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
قاچانىكى بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار: «سىلەرنى بىرى كۆرۈۋاتامدۇ؟» دەپ بىر - بىرىگە قارايدۇ، ئاندىن تىكىۋېتىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بۇرىۋەتكەن، چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، ئۇ مۇنافىقلار مۇئمىنلار بىلەن بىرلىكتە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىدا چاغدا بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، بىر - بىرىگە قاراپ: «بىرى بىزنى كۆرگەنمىدۇ - ھە؟» دېيىشىدۇ، ئاندىن تىكىۋېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ھەقتىن بۇرىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇلار ھەق ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلانمايدىغان، ھەقنى چۈشىنىشكە تىرىشمايدىغان ۋە ئىنتىلمەيدىغان قەۋمدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە باشتىن تارتىپ بۇ يەرگىچە ئاساسەن مۇئمىنلارنىڭ مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار، نەسارالار ۋە مۇنافىقلاردىن تەركىب تاپقان بارلىق كافىرلارغا قاتتىق قول بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۈچلۈك بولۇشى ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭدەك، كافىرلارنى تەۋبە قىلىپ مۇئمىنلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشقا تەرغىب قىلىدۇ ۋە تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. 128 - ۋە 129 - ئايەتتە بولسا، ئەرەبلەرگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرەب بولۇشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئىلاھىي نېمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى بۇ نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەستايىدىل ئەگىشىشلىرىنىڭ لازىملىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن تەقدىردە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئۆگىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ أَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
-ئى ئىنسانلار!- شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئىچىڭلاردىن ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلارغا ھېرىستۇر، مۇئمىنلارغا ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئەلچى كەلدى. سىلەرنىڭ مۇشەققەت تارتىشىڭلار ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كېلىدۇ، ئۇ سىلەرگە كۆيۈمچاندۇر، مۇئمىنلارغا شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئەرەب مىللىتى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن رەسۇل كەلدى، ئۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەرەب، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلار ۋە ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىر مىللەت بولۇش سىلەرنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن قۇتقۇزمايدۇ، قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشىنىش، ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭلار لازىم، ئەكسى تەقدىردە جازايىڭلار ئېغىر، ئازابىڭلار ئەلەملىك بولىدۇ. سىلەرنىڭ ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشۇڭلار ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كېلىدۇ، ئۇ بۇنىڭدىن بەك قايغۇرىدۇ ۋە بەك ئىچ پۇشۇقى تارتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلارغا، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشىڭلارغا بەكمۇ قىزىقىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىچىڭلاردىن مۇئمىن بولغانلارغا ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە بەكمۇ كۆيۈمچاندۇر؛ مۇئمىنلارنىڭ بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقماسلىقى ۋە ھەر ئىككىلى ئالەمدە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىمكانىيىتى يېتىشىچە تىرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ
(ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
-ئى پەيغەمبەر!- ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ مېنى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر» دېگىن[ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ماڭا يېتەرلىك، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مەن ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشىنىڭ رەببىدۇر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە، سېنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىمىسە ۋە ساڭا ئەگەشمىسە، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مەن پەقەت ئاللاھقا تاياندىم، ئاللاھ بۈيۈك ئەرشىنىڭ ئىگىسىدۇر». ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىكى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بولسىمۇ، مىللىتىنىڭ ئەرەب ئىكەنلىكى بىر ئەمەلىيەتتۇر. بۇ، ئەرەبلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش ۋە ئىتائەت قىلىش، شۇنداقلا ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىش ۋەزىپىسىنى يۈكلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى