مۆئمىنۇن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 118 ئايەت
مەنىسى: مۆئمىنلەر. ئاتىلىش سەۋەبى: مۆئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشلانغان
  1. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 1-ئايەت) ئىمان
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ
    مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلار ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلار ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا ۋە ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە لايىق رەۋىشتە ئىشەنگەن كىشىلەر چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. بۇ ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە «مۇرادىغا يېتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «فەلاھ - فلاح» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن «ئەفلەھە -أفلح» پېئىلىدۇر، جەزمەنلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆتكەن زامان پېئىلى كەلگەن، پېئىلنىڭ بېشىدىكى «قەد - قد» بۇ جەزمەنلىكنى تەكىتلەيدۇ. فەلاھ - ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە مىسلىسىز خۇشاللىققا ئېرىشىش دېگەن بولۇپ، بۇنى ھەر كىشى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا شەرتلەرنى ئورۇندىغان كىشى ئېرىشىدۇ. مەزكۇر نېمەتلەر ھەر ئىنساننىڭ فىترىتىگە سىڭىپ كەتكەن مۇراد - مەقسەت بولغانلىقى ۋە ھەر ئىنساننىڭ ئۇلارغا يېتىشنى ئارزۇ قىلغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارغا مۇئەييەن سۈپەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغانلىقى «فەلاھ - فلاح» كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن پېئىل ۋە سۈپەتلەر بىلەن ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ پېئىل ۋە سۈپەتلەر «مۇرادىغا يېتىش» دېگەن ئىپادىنىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن ئىزاھلاندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 2-ئايەت) نامازدا خۇشۇ
    الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ
    (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -شۇنداق مۇئمىنلاركى،- ئۇلار نامازلىرىدا ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار نامىزىدا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچى كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇئمىنلار ئۆتىگەن ھەر نامىزىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى كىشىلەردۇر؛ مۇرادىغا يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىماندىن كېيىنكى بىرىنچى سۈپىتى نامىزىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ ئاللاھقا ئېھتىرام قىلىشتۇر. بۇ ئايەتتە «ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغۇچى» دەپ مەنە بېرىلگەن كەلىمە «خۇشۇئـ» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن كۆپلۈك ئېنىق سۈپەتداش بولغان «خاشىئىنە -خاشعين»دۇر. «خۇشۇئ - خشوع» - ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش، ئېھتىرام قىلىش ۋە قورقۇشنىڭ بىرلەشكەن ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، ناماز ئۆتەش ئېغىر كەلمەيدىغان مۇئمىنلارنىڭ سۈپىتىدۇر. نامازنىڭ ئىچىدىكى «خۇشۇئـ» بولسا، ئۇ ناماز ئۆتىگۈچىنىڭ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولغانلىق چۈشەنچىسى بىلەن تەۋازۇ كۆرسىتىپ بويۇن ئېگىشى، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ دىلىنىڭ كامالى ئېھتىرام تۇيغۇسى ئىچىدە بولۇشى، ۋۇجۇد ئورگانلىرىدا ئۇ ئېھتىرام تۇيغۇسى بىلەن بىر جىمجىتلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى، كۆزلەرنىڭ سەجدە قىلىدىغان يەرگە تىكىلىپ، باشقا بىر نەرسە بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى قاتارلىق ھالەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. «خۇشۇئـ» نامازنىڭ روھى بولۇپ، مۇئمىن بىلەن مۇنافىقنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ نامازلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتۇر؛ مۇئمىنغا ناماز ئېغىر كەلمەيدۇ، مۇنافىققا ئېغىر كېلىدۇ، مۇئمىن نامازغا روھلۇق ھالەتتە كېلىدۇ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆتەيدۇ، مۇنافىق ھۇرۇنلۇق بىلەن كېلىدۇ، خۇشياقماسلىق بىلەن ئۆتەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 3-ئايەت) ياخشى سۆز
    وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ
    ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇئمىنلار پايدىسىز سۆز - ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر. مۇرادىغا يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىماندىن كېيىنكى ئىككىنچى سۈپىتى كېرەكسىز ئوي - خىيال، بىھۇدە گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ بىھۇدىلىكلەردىن يىراق تۇرۇشنى مۇرادىغا يەتكۈچى مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىدۇ. باشقا ئىككى ئايەتتە ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ياخشى خىسلەتلىرىنىڭ قاتارىدا زىكىر قىلىدۇ. دېمەككى، بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش، گۈزەل ئەخلاققا زىت بولۇپ، نىجاتلىققا ئېرىشىشكە توسالغۇ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 4-ئايەت) زاكات
    وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ
    ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار زاكات ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغۇچى كىشىلەردۇر[1].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇئمىنلار پۇل - ماللىرىنىڭ زاكاتلىرىنى بېرىپ ئۆزلىرىنى پاكلاش ئۈچۈن تىرىشقۇچى كىشىلەردۇر. مۇرادىغا يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىماندىن كېيىنكى ئۈچىنچى سۈپىتى زاكىتىنى ئايرىپ تېگىشلىك ئورۇنغا بېرىش بىلەن ئۆزىنى گۇناھتىن، مېلىنى ھارامدىن پاكلاشتۇر. «زاكات» - مۇئەييەن ئۆلچەمگە يەتكەن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا نەق پۇل، تىجارەت ماللىرى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر، زىرائەت مەھسۇلاتى قاتارلىق نەرسىلەردىن، مەلۇم شەخس ۋە ئورۇنلارغا سەرپ قىلىنىش ئۈچۈن ئېلىنغان مۇئەييەن مىقدار دېگەن بولىدۇ. مەزكۇر ماللاردىن بۇ مىقدارنى ئايرىش، «زاكات ئايرىش»، ئۇنى تېگىشلىك شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىش «زاكات بېرىش» دەپ ئاتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 5-ئايەت) ئىپپەت
    وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ
    ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى - ھارامدىن- ساقلىغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇياتلىق يەرلىرىنى ۋە ئۇ يەرلىرىنىڭ ئەتراپىنى[2] ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر، — ئەنەس ئالىم

    (5-7) ئۇلار ئىپپىتىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر، پەقەت ئۆز جۈپتىلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مالامەت قىلىنمايدۇ. كىم ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئاللاھ تائالا نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بىردىن كۆپ (تۆتكىچە) ئايالنى نىكاھىغا ئالغان تەقدىردە ئادىل مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن قورققان ئەرلەرنى بىر ئايالنى ياكى بىر چۆرىنى نىكاھىغا ئالسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەرلەرگە نىكاھىغا ئېلىش ھالال قىلىنغان ئاياللارنىڭ قاتارىدا چۆرىلەرنىمۇ زىكىر قىلىدۇ، ئازاد مۇئمىن ئايالنى نىكاھىغا ئېلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمەيدىغان ئەرلەرگە مۇئمىن چۆرىلەردىن نىكاھىغا ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئۇ ئايەتلەر مۇئمىننىڭ ئازاد مۇئمىن ئايالنى، قادىر بولالمىسا مۇئمىن چۆرىنى نىكاھىغا ئېلىشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئازاد مۇئمىننىڭ ئازاد مۇئمىن ئايالى ياكى چۆرە مۇئمىن ئايالى بولىدۇ. چۈنكى ئازاد مۇئمىن ئەرنىڭ چۆرە مۇئمىن ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئازاد مۇئمىن ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشقا قادىر بولالماسلىقى شەرت قىلىنغان. بۇ سەۋەبتىن بىر ئازاد مۇئمىن ئەرنىڭ بىردىن ئارتۇق ئايالى بولغان تەقدىردە ھەممىسىنىڭ ئازاد بولۇشى لازىم. ناۋادا ئازاد ئايالىنىڭ ئۈستىگە بىرەر چۆرىنى ئالماقچى بولسا ئۇنى ئازاد قىلىپ ئاندىن نىكاھىغا ئالالايدۇ. مۇئمىن ئايالغا كەلسەك، ئۇ (ۋەلىيلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن) خالىسا ئازاد مۇئمىن ئەرگە، خالىسا مۇئمىن قۇلغا ياتلىق بولىدۇ. 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 221 - ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئايال كىشى پەقەت بىرلا ئەر بىلەن نىكاھلىنالىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولدىشى يا ئازاد مۇئمىن ياكى قۇل مۇئمىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئازاد مۇئمىننىڭ يا ئازاد ياكى قۇل جۈپتى بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئايەتتە ۋە 70 - سۈرە (مەئارىج)نىڭ 29 ~ 31 - ئايەتلىرىدە ئۆز ئىپپىتىنى ئازاد بولسۇن قۇل بولسۇن ئۆز جۈپتىلىرىدىن باشقا كىشىلەردىن ساقلاش مۇرادىغا يېتىدىغان مۇئمىنلارنىڭ تۆتىنچى سۈپىتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 6-ئايەت) نىكاھ
    إِلَّا عَلَىٰ أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ
    (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئۇلار بۇ سەۋەپلىك ئەيىپلانمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    پەقەت ئۆز جۈپتىلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا مالامەت قىلىنمايدۇ، — ئەنەس ئالىم

  7. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 7-ئايەت) ئىپپەت
    فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ
    بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇنىڭ سىرتىدىن جىنسىي تەلەپنى قاندۇرماقچى بولغانلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  8. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 8-ئايەت) ۋەدىگە ۋاپا ئىشەنچلىكلىك
    وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ
    ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇئمىنلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇئمىنلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر. بۇ ئايەتتە ئامانەت ۋە ئەھدىگە رىئايە قىلىش مۇرادىغا يېتىدىغان مۇئمىنلارنىڭ بەشىنچى سۈپىتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئەھدىگە رىئايە قىلىشنىڭ مەنىسى ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. ئامانەتكە رىئايە قىلىشنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، ئۇ تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنىڭ ھەر بىرى بىرەر ئامانەت بولۇپ، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئىلاھىي ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقىتۇر. 2) ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئىش، شىركەت، مۇئەسسەسە ۋە تەشكىل، بولۇپمۇ دۆلەت بىرەر ئامانەت بولۇپ، ئۇلارنى باشقۇرۇشنى لاياقەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇش، دۆلەت مېخانىزمىنى قۇرۇشتا، ھۆكۈمەت تەشكىللەشتە ۋە ئىجرائىيە ئورگانلىرىنى بەلگىلەشتە ھەر جەھەتتىن لايىق كىشىلەرنى تاللاش، بۇ ئامانەتلەرگە رىئايە قىلغانلىقتۇر. 3) بىراۋ، ۋاقتىنچە ساقلاپ بېرىش ياكى بىرەر كىشىگە ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن تاپشۇرغان نەرسە، باشقا بىرەر كىشى ياكى بىرەر جامائەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاپشۇرغان سۆز ئامانەت بولۇپ، ئۇلارنى تاپشۇرۇۋېلىنغان بويىچە ئىگىسىگە قايتۇرۇش ۋە جايىغا يەتكۈزۈش بۇ ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 9-ئايەت) پەرز ناماز
    وَالَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
    ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار نامازلىرىنى -ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن تەلەپكە لايىق- ئادا قىلىپ مۇھاپىزەت قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇئمىنلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى كىشىلەردۇر. نامازلارنى مۇھاپىزەت قىلىش بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش دېگەن بولۇپ، مۇرادىغا يېتىدىغان مۇئمىنلارنىڭ ئالتىنچى سۈپىتىدۇر. بۇ ھەقتە ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 10-ئايەت) جەننەتتىكى مۇكاپاتلار
    أُولَٰئِكَ هُمُ الْوَارِثُونَ
    ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر نازۇ- نېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۇئمىنلار بارغۇ، ئۇلار ۋارىسلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ۋارىس بولغۇچى كىشلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (10-11) ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئۇلارنى ھاياتىدا ئەكس ئەتتۈرگەن مۇئمىنلار ۋارىس بولغۇچى كىشىلەردۇر . ئۇلار نېمىگە ۋارىس بولىدۇ: ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. «فىردەۋس»، جەننەتنىڭ ئالاھىدە يېرى بولۇپ بۇ ھەقتە ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. ئاللاھ تائالا 1 ~ 11 - ئايەتلەردە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ئىبادەتلەرنى ئىخلاس بىلەن ئادا قىلغان ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 12 ~ 22 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ، ئۇ ئىبادەت ۋە ئىتائەتلەرگە ئۆزىنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 11-ئايەت) جەننەتنىڭ دەرىجىلىرى
    الَّذِينَ يَرِثُونَ الْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئۇلار فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  12. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 12-ئايەت) ئىنساننىڭ يارىتىلىشى
    وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ سُلَالَةٍ مِنْ طِينٍ
    بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىنساننى لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (12-14) شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى لايدىن سۇغۇرۇپ ئېلىنغان جەۋھەردىن ياراتتۇق. ئاندىن ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھالىتىدە مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق. ئاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق. ئاندىن لەختە قاننى بىر چاينام گۆشكە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن بىر چاينام گۆشنى سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بۇ ئايەتتە ئىنساننىڭ ئەسلى ماددىسىنىڭ تۇپراقتا يېتىشكەن يېمەكلىكلەردىن ئايرىلغان ماددا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: تۇپراقتىن كەلگەن غىزالار ئاتا - ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا ھەزىم بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسمى قانغا ئايلىنىدۇ، ئاتىنىڭ كۆپىيىش بەزلىرىدىن ئۆتكەن قان ئۇرۇققا، ئانىنىڭ تۇخۇمدىنى ئۆتكەن قان ھۈجەيرىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇرۇق بىلەن ھۈجەيرە بىرلىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمغا (نۇتفىگە) ئايلىنىدۇ ۋە بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىدۇ. ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يېتىلىپ لەختە قانغا (ياكى قان شورايدىغان زۈلۈك قۇرتىغا ئوخشاش بىر خىل نەرسىگە) ئايلىنىدۇ، ئاندىن بۇ لەختە قان بىر چاينام گۆشكە ئايلىنىدۇ، ئاندىن بۇ گۆش سۆڭەكلەرگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇرۇلىدۇ (كىيىم كىيدۈرۈلگەندەك سۆڭەكلەرگە گۆش كىيدۈرۈلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە روھ پۈۋلىنىپ، تۆرەلمە باشقا بىر مەخلۇققا يەنى بەدەن ۋە روھتىن تەركىب تاپقان تولۇق ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. ئىنساننى ئەنە شۇ باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ياراتقان ئاللاھ ئەڭ ياخشى ياراتقۇچىدۇر ۋە ئۇلۇغ زاتتۇر. بۇ ئايەتلەرنىڭ بېشىدىكى «ئىنسان»نىڭ ئادەم ئاتا بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. ئۇ تەقدىردە تۇنجى ئىنسان بولغان ئادەم تۇپراقنىڭ جەۋھىرىدىن ئېلىنغان لايدىن، ئاندىن ئۇنىڭ نەسلى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن يارىتىلغان بولىدۇ ۋە بۇ تەقدىردە بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالانىڭ، دەسلەپكى ئىنساننى لايدىن ياراتقانلىقىنى، ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئاجىز سۇنىڭ جەۋھىرىدىن ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ بېشىدىكى «ئىنسان» مەيلى ئادەم ئاتا بولسۇن مەيلى ئادەم ئاتىنىڭ نەسلى بولغان ئىنسان بولسۇن، بۇ ئايەتلەردە ئىنساننىڭ يارىتىلىش باسقۇچلىرى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بايان قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ يارىتىلىش باسقۇچلىرىدا ئەنە شۇ دەلىللەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە ھەر ئىنساننى بۇ باسقۇچلارغا قاراشقا، ئۇلار توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلىنىشقا ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇيدۇ. بىرقانچە ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىنساننى بۇ باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ يارىتىشتا كامالى قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 13-ئايەت) ئىنساننىڭ يارىتىلىشى
    ثُمَّ جَعَلْنَاهُ نُطْفَةً فِي قَرَارٍ مَكِينٍ
    ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان) دا (جايلاشقان) ئابىمەنىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ - بەچچىدان-دا ئابىمەنىي قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھالىتىدە مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

  14. ثُمَّ خَلَقْنَا النُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا الْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا الْمُضْغَةَ عِظَامًا فَكَسَوْنَا الْعِظَامَ لَحْمًا ثُمَّ أَنْشَأْنَاهُ خَلْقًا آخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ
    ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ماھىرى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يېپىشقاق قانغا ئايلاندۇردۇق. ئاندىن يېپىشقاق قاننى بىر چاينام گۆشكە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن بىر چاينام گۆشنى سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!‏ — ئەنەس ئالىم

  15. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 15-ئايەت) ئۆلۈم
    ثُمَّ إِنَّكُمْ بَعْدَ ذَٰلِكَ لَمَيِّتُونَ
    ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلۈسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن سىلەر بۇلاردىن كېيىن چوقۇم ئۆلۈسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەر بۇ بىرىنچى قېتىملىق يارىتىلىشتىن كېيىن دۇنياغا كېلىپ ئەجىلىڭلار توشقۇچە ياشايسىلەر، ئاندىن ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ مۇقەررەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 16-ئايەت) تىرىلىش
    ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ تُبْعَثُونَ
    ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى (قەبرەڭلاردىن) تۇرغۇزۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى -قەبرەڭلاردىن- تۇرغۇزۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىلىرىڭلاردىن چىقىرىلىسىلەر ۋە دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قىلغان ھەر قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىسىلەر. ئىنسان، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ ئاخىرقى شەكلىگە كىرگەندىن كېيىن، ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان، ناھايىتى ئاجىز ۋە بوۋاق ھالەتتە دۇنياغا كېلىدۇ. دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان ئەجىلى بەلگىلەنگەن ھالدا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بارلىق ئىنسانلار قانچىلىك ئۆمۈر كۆرسە كۆرسۈن ئاخىرى ئۆلىدۇ. بۇ، بىر ئەمەلىيەت. ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشمۇ ئەنە شۇنداق ئەمەلىيەت. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى، دۇنياغا كېلىشى، ياشىشى ۋە ئۆلۈشى زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە ياكى ئۇ ئايەتلەرنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە ئىنساننىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ، دەسلەپتىكى يوقتىن يارىتىلىشنى بىلىپ تۇرۇقلۇق قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋال ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. وَلَقَدْ خَلَقْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعَ طَرَائِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ الْخَلْقِ غَافِلِينَ
    بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە يول ياراتتۇق. بىز نېمە ياراتقانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قات ئاسمان ياراتتۇق. بىز مەخلۇقاتىمىزدىن خەۋەرسىز ئەمەس، ئەكسىچە ياراتقان نەرسىلىرىمىزنى ئېھتىياجلىق نەرسىلىرى بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز، جۈملىدىن ئاسمانلارنى زاۋال تېپىشتىن ۋە زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاۋاتىمىز. ئالدىنقى ئايەتتە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە يەتتە قات ئاسماننىڭ يارىتىلىشىنىڭ زىكىر قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھلىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىللە مۇنۇ مەنىگە ئىشارەت قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر: ئى ئىنسانلار! سىلەر بۇ دۇنياغا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بىلدۈرۈلگەن شەكىلدە كېلىسىلەر ۋە ئەجەللىرىڭلار توشقاندىن كېيىن بىر - بىرلەپ ئۆلىسىلەر، قىيامەت قايىم بولغاندا ياشاۋاتقانلىرىڭلار بىراقلا ئۆلىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر. بىزنىڭ ئەنە شۇ يەتتە قات ئاسماننى يارىتىشقا ۋە ئۇلارنى ساقلاشقا يەتكەن قۇدرىتىمىز قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 18-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى سۇ ۋە يامغۇر
    وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّاهُ فِي الْأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابٍ بِهِ لَقَادِرُونَ
    بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكە قاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئاسماندىن يامغۇرنى ئۆلچەم بىلەن ياغدۇردۇق ۋە ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋېتىشكىمۇ يېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇ سۇنى سىلەر ئۈچۈن (بۇلاق، كۆل، دەريا ۋە ئامبارلاردا) ساقلاپ بېرىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋېتىشكىمۇ چوقۇم قادىرمىز. «مۇئەييەن مىقدار» - ئىنسانلارنىڭ ئىچىش، تاماق ئېتىپ يېيىش، تاھارەت ئېلىش... قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى، باشقا جانلىقلارنىڭ ئىچىشى، زىرائەت ۋە دەل - دەرەخلەرنىڭ سۇغىرىلىشى، ئوتلاقلارنىڭ يېتىشىشى قاتارلىق ئىشلارغا يەتكۈدەك مىقداردا دېگەن بولىدۇ. سۇ، ئاز بولسا يەتمەيدۇ، كۆپ بولسا (توپان بالاسىدەك) زىيانلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتىغا ئىلتىپات قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا تۇشلۇق سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن، شۇنداقلا ساقلاپ بەرگەن. ئاللاھ ساقلاپ بەرمىسە ئىنسانلار سۇنى ساقلىيالمايتتى، ئاللاھ خالىسا سۇنى ئاچچىق قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان باشقا نېمەتلىرىنىمۇ ئەنە شۇنداق ئېھتىياجغا تۇشلۇق ئاتا قىلغان. مەسىلەن: ئاشلىق، كۆكتات، دورا - دەرمەك ۋە مېۋە - چېۋە... قاتارلىق يېمەكلىك ماددىلىرى ھەر يىل، ھەر مەۋسۇمدا ئېھتىياجقا تۇشلۇق يېتىشىدۇ. كىيىم - كېچەكلەرنىڭ خام ماددىلىرىمۇ ئېھتىياجقا تۇشلۇق يېتىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 19-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى رىزىق
    فَأَنْشَأْنَا لَكُمْ بِهِ جَنَّاتٍ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ لَكُمْ فِيهَا فَوَاكِهُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
    شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغچىلىرى ۋە ئۈزۈم باغچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، ئۇلاردىن يەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغچىلىرى ۋە ئۈزۈم باغچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، ئۇلاردىن يەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ سۇ بىلەن سىلەرگە خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. ئۇ باغلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مېۋىلەر بار. سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇ سۇ بىلەن سىلەرگە خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. ئۇ باغلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مېۋىلەر بار. سىلەر ئۇلاردىن يەيسىلەر. ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بەلگىلىشى ۋە ئەمىر قىلىشى بىلەن بۇلۇتلاردىن يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر شەكىللىرىدە سۇ چۈشىدۇ، بۇ سۇنىڭ زېمىنغا سېڭىشى بىلەن تۇپراق ئاستىدىكى ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلار بىخلىنىدۇ، تۇپراقنى يېرىپ يەر ئۈستىگە چىقىدۇ، يەر ئۈستىگە چىققان ئۆسۈملۈكلەر ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ يېمەكلىك ماددىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. يېتىشكەن ماددىلار ئاشلىق، ئوتياش، مېۋە - چېۋە، دورا - دەرمەك ۋە ئوت - چۆپلەر بولۇپ، بۇ ئايەتتە ئۇلاردىن پەقەت خورما ۋە ئۈزۈملەر زىكىر قىلىنىدۇ. قالغان نەرسىلەر باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 20-ئايەت) رىزىق زېمىن ۋە تاغلار
    وَشَجَرَةً تَخْرُجُ مِنْ طُورِ سَيْنَاءَ تَنْبُتُ بِالدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِلْآكِلِينَ
    شۇ يامغۇر بىلەن تۇرسىنادىن چىقىدىغان (زەيتۇن) دەرىخىنى (ئۆستۈرۈپ بەردۇق)، ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ، يېگۈچىلەر (نانلىرىنى شۇ ماي بىلەن) مايلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن بىر تۈرلۈك دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەخ سىينا تېغىدىن چىقىدۇ، ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بوياق بىلەن ئۆسىدۇ[3].‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن بىر تۈرلۈك دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەخ سىينادىكى تۇر تېغىدىن چىقىدۇ، ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بىر خىل بوياق بىلەن ئۆسىدۇ. بۇ يەردىكى «دەرەخ» زەيتۇن دەرىخىدۇر. «ماي» بىلەن «بوياق» ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىدۇ؛ ئۇ مېۋە يېيىلىدۇ، ئۇنىڭدىن چىققان ماي چىراغ ياندۇرۇشقا، بەدەننى ياغلاشقا ۋە تاماققا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئايەتتە ماي مەنىسىدە كەلگەن كەلىمە، ئۇ ماينىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى، «بوياق» مەنىسىدىكى كەلىمە بولسا ئۇ ماينىڭ ۋە ئۇ مېۋىنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىنىش ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ «بوياق» دېيىلىشى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ۋە يېگەنلەرنى گۈزەللەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. «تۇر» - مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي كەلگەن تاغنىڭ ئىسمىدۇر، «سىينىين» ۋە «سەينا» بولسا، ئۇ تاغ ئورۇن ئالغان يەرنىڭ ئىسمىدۇر. بۇ يەر مىسرنىڭ سىينا يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئاللاھ تائالانىڭ سۇنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زېمىندىن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈشىدە ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھلىقىغا دەلىللەر بولغاندەك، قىيامەت كۈنى خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگىمۇ دەلىللەر بار. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈشى ۋە ئۇ سۇ بىلەن زېمىندىن ئۆسۈملۈك ئۈندۈرۈشى زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى خالايىقلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ، ياكى ئۇ ئەمەلىيەت بۇ ھەقىقەتكە دەلىل قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً ۖ نُسْقِيكُمْ مِمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
    چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر (يەنى سۈتلەر) بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار كى، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىمىز. سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردا كۆپ مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار؛ بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ، سىلەرگە قىلغان ئىلتىپاتىمىزنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىگە دەلىللەر بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىققان ساپ سۈت بىلەن سۇغىرىۋاتىمىز. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا باشقا كۆپ مەنپەئەتلەرمۇ بار؛ يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر ۋە تېرىلىرىدىن پايدىلىنىسىلەر. ئۇلارنىڭ گۆش - ياغلىرىنى يەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 22-ئايەت) كېمىلەر ۋە دېڭىز
    وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
    ئۇلار (يەنى تۆگە ۋە ئۆكۈزلەر) بىلەن (قۇرۇقلۇقتا)، كېمە بىلەن (دېڭىزدا) يۈك توشۇيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىلەن - قۇرۇقلۇقتا- ۋە كېمە بىلەن -دېڭىزدا- يۈك توشۇيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرى (تۆگە، بوقا ۋە ئۆكۈزلەر) بىلەن ۋە كېمىلەر بىلەن قاتناش (ترانسپورت) ئىشلىرىڭلارنى قىلىسىلەر. دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ مەزكۇر ھايۋانلارنى يارىتىپ ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىشى، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى سان - ساناقسىز ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا 12 ~ 22 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ ۋە قىيامەتنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن مۇشرىكلارنى ئۇ دەلىللەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. 23 ~ 53 - ئايەتلەردە بەزى قىسسىلەرنى بايان قىلىپ ئۇ مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي ۋە خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 23-ئايەت) تەۋھىد نوھ
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھيوق، ئاللاھ -نىڭ ئازابى-دىن قورقمامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى نۇھنى ئۆز قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. نۇھ، قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىڭلارغا ئاللاھتىن باشقا لايىق بولىدىغان ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم يوقتۇر، ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا شېرىك كەلتۈرەمسىلەر؟ ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقمامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُرِيدُ أَنْ يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
    ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىۋاشلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرگەن بولاتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان، مەقسىتى سىلەردىن ئۈستۈن بولۇشتۇر. ئاللاھ خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەرنى چۈشۈرەتتى[4]. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن بۇنداق نەرسە ئاڭلىمىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھنىڭ قەۋمىدىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن باي، ئەمەلدار ۋە نوپۇزلۇق ئادەملەر تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەرگە مۇنداق دېدى: «نۇھ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان، ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق پەرق يوق. ئۇ، پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىش بىلەن سىلەردىن ئۈستۈن بولماقچى. ئاللاھ بىزگە ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولسا بۇنى ئەمەس، ئەكسىچە پەرىشتىلەردىن بىرىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن بولاتتى. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ تارىخىدا بۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئېيتقان بىرەر ئىنساننىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلىمىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ بِهِ جِنَّةٌ فَتَرَبَّصُوا بِهِ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ پەقەت جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر. شۇڭا بىر مۇددەت ئۇنى كۆزىتىڭلار».‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ پەقەت ئەقلىدىن ئازغان ئادەمدۇر. شۇڭا ئۇنى بىر مۇددەت كۆزىتىڭلار؛ ئۇنىڭغا ئالدىنىپ دىنىڭلارنى تەرك ئەتمەڭلار. ئۇ يا ساراڭلىقى ئوڭشىلىپ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلمايدىغان ۋە بۇنداق گەپلەرنى دېمەيدىغان بولىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىدۇ - دە، بىز ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتىمىز. سىلەر مانا مۇشۇ ۋاقىتنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 26-ئايەت) دۇئا نوھ
    قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ
    نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    نۇھ ئۇلارنى يىللارچە ھەر پۇرسەتتە ۋە ھەر تۈرلۈك ئۇسۇل بىلەن ھەقكە دەۋەت قىلدى، ئۇلار كۇفرىلىقتا ۋە ئىنكاردا ئەزۋەيلەشنى داۋاملارشتۇردى. نۇھ ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىدىنى تامامەن ئۈزگەندىن كېيىن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 27-ئايەت) نوھ ئاللاھقا ئىتائەت
    فَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ أَنِ اصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ ۙ فَاسْلُكْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۖ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ
    بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك ـ چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن بىر جۈپتىن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچىلاردۇر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن. بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز كېلىپ تونۇر قاينىغاندا ھەر ھايۋاندىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئالغىن. ئائىلەڭنىمۇ ئالغىن. ئۇلاردىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇستەسنا. ماڭا زالىملار توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «بىزنىڭ ھىمايىمىز، قوغدىشىمىز، ساقلىشىمىز ۋە ئۆگىتىشىمىز بويىچە بىر كېمە ياسىغىن. بىزنىڭ قەۋمىڭنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىمىز كېلىپ سۇ ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغاندا، كېمىگە ھەر ھايۋاندىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئالغىن. ئائىلەڭنىمۇ ئالغىن، لېكىن ئۇلاردىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئالمىغىن. ماڭا ئائىلەڭدىن ۋە قەۋمىڭدىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 28-ئايەت) شۈكۈر نوھ
    فَإِذَا اسْتَوَيْتَ أَنْتَ وَمَنْ مَعَكَ عَلَى الْفُلْكِ فَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي نَجَّانَا مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    سەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن يېنىڭدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كېمىگە ئورۇنلىشىپ بولغان چېغىڭدا: ‹بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!› دېگىن».‏ — ئەنەس ئالىم

    سەن يېنىڭدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كېمىگە ئورۇنلىشىپ بولغان چېغىڭدا زالىملاردىن قۇتۇلغانلىقىڭ ئۈچۈن بىزگە شۈكۈر قىلىپ: ‹بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!› دېگىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 29-ئايەت) دۇئا
    وَقُلْ رَبِّ أَنْزِلْنِي مُنْزَلًا مُبَارَكًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ
    ھەمدە: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن (دوستلىرىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ھەمدە: «ئى رەببىم! مېنى بەرەكەتلىك بىر يەرگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنە: ‹رەببىم! مېنى بەرىكەتلىك جايغا چۈشۈرگىن، سەن چۈشۈرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دېگىن».‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، كېمىنىڭ توپان بالاسى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ساق - سالامەت ئۈزۈشىنى، بالا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھايات كەچۈرۈشكە مۇناسىپ جايغا چۈشۈپ ئورۇنلىشىشنى تىلەپ: ‹رەببىم! مېنى بەرىكەتلىك جايغا چۈشۈرگىن، سەن چۈشۈرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دەپ بىزگە دۇئا قىلغىن ۋە مەدھىيە ئوقۇغىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 30-ئايەت) ئىلاھىي سىناق
    إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ وَإِنْ كُنَّا لَمُبْتَلِينَ
    ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (يەنى نۇھنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىشلىرىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار، بىز بەندىلەرنى (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش بىلەن) ئەلۋەتتە سىنايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار، بىز ئەلۋەتتە سىنىغۇچىلارمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئايەتلەر بار. بىز ئىنسانلارنى سىنىماقتىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسىسىدە قۇدرىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ ۋە بىرلىكىمىزنىڭ ھەق، قۇرئاننىڭ بىز نازىل قىلغان كىتاب، سېنىڭ بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەر، ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقى ۋە قارشى چىققانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى قاتارلىق ھەقىقەتلەرنىڭ ئوچۇق دەلىللىرى بار. بىز ئىنسانلارنى نېمەتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنايمىز، نەتىجىدە ياخشى - يامان بىر - بىرىدىن ئايرىلىدۇ، ياخشىلار لايىق بولغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامانلار تېگىشلىك بولغان جازاغا يولۇقىدۇ. بۇ قىسسە قۇرئان كەرىمنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ ئايەتلەرگىچە بىرقانچە قېتىم بايان قىلىندى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرلىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 31-ئايەت) ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    ثُمَّ أَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
    ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋم پەيدا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن كېيىن باشقا نەسىللەرنى ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن بىز نۇھ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (31-32) بىز، ئەلچىمىز نۇھقا قارشى چىققان قەۋمنى توپان بالاسى ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق، ئۇ نەسىلگە ئىلتىپات قىلىپ ئۆز ئىچىدىن بىر ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئەلچىمىز ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىڭلارغا ئاللاھتىن باشقا لايىق بولىدىغان ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم يوقتۇر، ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا شېرىك كەلتۈرەمسىلەر؟ ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقمامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 32-ئايەت) تەۋھىد پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى
    فَأَرْسَلْنَا فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى ھۇدنى) ئەۋەتتۇق. (ئۇ ئېيتتى): «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق. -ئۇ ئېيتتى:- «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قورقمامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

  33. وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِلِقَاءِ الْآخِرَةِ وَأَتْرَفْنَاهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇلاقاتىنى يالغانغا چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ. — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇكاپاتىنى يالغانغا چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر بولغان، ئاخىرەتكە مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەن ۋە بىز دۇنيا ھاياتىدا‏‎ ‎باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاتقان چوڭلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان، يېگىنىڭلاردىن يەيدۇ، ئىچكىنىڭلاردىن ئىچىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (33-38) ئۇ ئەلچىمىزنىڭ قەۋمىدىن كۇفرىلىقتا ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلىگەن، شۇنداقلا نېمەتلىرىمىز بىلەن كۈرەڭلىگەن باي، ئەمەلدار ۋە باشقا نوپۇزلۇق ئادەملەر، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرگە: «پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان ئۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان، يېگىنىڭلاردىن يەيدۇ، ئىچكىنىڭلاردىن ئىچىدۇ. ئەگەر سىلەر يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، چوقۇم زىيان تارتىپ كېتىسىلەر. ئۇ ئادەم سىلەرگە: ‹سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىڭلاردىن چىقىرىلىسىلەر› دەمدۇ؟ ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراق! ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت. بىز بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز؛ بەزىمىز ئۆلىدۇ، بەزىمىز تۇغۇلىدۇ، دۇنيادا مۇشۇنداق ئۆلۈش ۋە تۇغۇلۇش داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. بىز، ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئادەم ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەمدۇر. بىز ئۇ ئادەمگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز، سىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئۆز دىنىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، ئۇ ئادەمگە ئالدانماڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 34-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى
    وَلَئِنْ أَطَعْتُمْ بَشَرًا مِثْلَكُمْ إِنَّكُمْ إِذًا لَخَاسِرُونَ
    ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئەلۋەتتە زىيان تارتىپ كېتىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

  35. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 35-ئايەت) تىرىلىش ھەقنى ئىنكار قىلىش
    أَيَعِدُكُمْ أَنَّكُمْ إِذَا مِتُّمْ وَكُنْتُمْ تُرَابًا وَعِظَامًا أَنَّكُمْ مُخْرَجُونَ
    ئۇ سىلەرنى، سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر، دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سىلەرنى سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سىلەرگە: ‹سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىڭلاردىن چىقىرىلىسىلەر› دەمدۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

  36. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 36-ئايەت) تىرىلىش ھەقنى ئىنكار قىلىش
    هَيْهَاتَ هَيْهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ
    سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراق!‏ — ئەنەس ئالىم

  37. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 37-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    إِنْ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ
    بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز، بىز قايتا تىرىلمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت. ئۆلۈپ تۇرىمىز، تىرىلىپ تۇرىمىز[5]. ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ تىرىلدۈرۈلمەيمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

  38. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 38-ئايەت) يالغانچىلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا وَمَا نَحْنُ لَهُ بِمُؤْمِنِينَ
    ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەمدۇر. بىز ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز».‏ — ئەنەس ئالىم

  39. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 39-ئايەت) دۇئا
    قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ
    ھۇد ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» — مۇھەممەد سالىھ

    ھۇد ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار مېنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچى: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (39-40) ئەلچىمىز ئۇلارنىڭ بۇ تەرسالىقىدىن كېيىن بىزگە ئىلتىجا قىلىپ: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ئۇلارغا قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى، بىز ئەلچىمىزنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا: «خاتىرجەم بول، ئۇ تەرسالار يېقىندا ئازابىمىزنى كۆرۈپ قىلغان تەرسالىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 40-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    قَالَ عَمَّا قَلِيلٍ لَيُصْبِحُنَّ نَادِمِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي (كاپىر بولغانلىقلىرىغا) نادامەت چېكىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي نادامەت چېكىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «ئۇلار يېقىندا پۇشايمان قىلىدۇ» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  41. فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ بِالْحَقِّ فَجَعَلْنَاهُمْ غُثَاءً ۚ فَبُعْدًا لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئۇلار ھەقلىق رەۋىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك بولدى. ئۇلارنى بىز لۆجە قىلىۋەتتۇق، زالىم قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى قاتتىق ئاۋاز ھەقلىق رەۋىشتە ھالاك قىلدى؛ ئاندىن بىز ئۇلارنى كۆپۈك قىلىۋەتتۇق، ھالاكەت زالىم قەۋملەرگە بولسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىشكە تېگىشلىك بولغان دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى. بىز ئۇلارنى لۆجە قىلىۋەتتۇق. يوقالسۇن زالىملار گۇرۇھى!‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىشكە تېگىشلىك بولغان دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى. بىز ئۇلارنى لۆجىگە ئايلاندۇرۇەتتۇق. تەرسالىق قىلىش، تەقلىدچىلىق قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئۇ قەۋمنى رەھمىتىمىزدىن يىراقلاشتۇردۇق. ئەسكەرتىش: تەپسىر ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ قىسسىدىكى پەيغەمبەرنىڭ ھۇد ئەلەيھىسسالام، ھالاك قىلىنغان قەۋمنىڭ ئاد قەۋمى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىگە بۇ قىسسىنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدىن كېيىن بايان قىلىنغانلىقىنى ۋە ئەئراف، ھۇد، شۇئەرا سۈرىلىرىدە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدىن كېيىن ئېنىق بايان قىلىنغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ، «دەھشەتلىك ئاۋاز»نى ئاد قەۋمىنى ھالاك قىلغان قاتتىق بوراننىڭ ئاۋازى ياكى مەسئۇل پەرىشتىنىڭ بوران بىلەن تەڭ توۋلىغان ئاۋازى دەپ ئىزاھلايدۇ. تەپسىر ئالىملىرىنىڭ بەزىلىرى بولسا، بۇ قىسسىدىكى پەيغەمبەرنى سالىھ ئەلەيھىسسالام، ھالاك قىلىنغان قەۋمنىڭ سەمۇد قەۋمى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىگە بۇ قەۋمنىڭ «دەھشەتلىك ئاۋاز» بىلەن ھالاك قىلىنغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلۈشىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە سەمۇد قەۋمىنىڭ دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىنغانلىقىنىڭ ئېنىق بايان قىلىنغانلىقىنى دەلىل قىلىدۇ. بۇ (31 ~41 -) ئايەتلەردە بايان قىلىنغان قىسسىدىكى پەيغەمبەر قايسى پەيغەمبەر، ھالاك قىلىنغان قەۋم قايسى قەۋم بولسا بولسۇن، نەتجىدە ھەر ئىككى پەيغەمبەر (ھۇد ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالاملار) ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۇئمىنلار نىجاتلىققا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ تەرسا قەۋملىرى (ئاد ۋە سەمۇد) ھالاك قىلىنغان. بۇ يەردە قىسسىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەت مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇ قىسسىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇئمىنلارغا تەسەللىي ۋە خۇش خەۋەر بېرىش، مۇشرىكلارنى تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن بايان قىلىنىدۇ. بۇ قىسسىنىڭ مەزمۇنى ئىنسانلارغا شۇنى ئېلان قىلىدۇكى: ئى جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقان كىشىلەر! سەۋر قىلىڭلار، بوشاشماڭلار، ئوڭ - سولغا بۇرۇلماستىن ئۇدۇل مېڭىڭلار، ئاقىۋەتتە نۇسرەت، غەلىبە ۋە زەپەر سىلەرگە مەنسۇپ. ئى زالىملار! ئى تەرسالار! ئى ۋاقىتلىق باياشاتلىقىغا ۋە ئۆتكۈنچى سەلتەنەتىگە ئالدىنىپ كۈرەڭلىگەن ئەخمەقلەر! كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار، بۇنداق كېتىۋەرسەڭلار، ئىلاھىي غەزەپ ۋە ئازابقا يولۇقىسىلەر، ھالاك بولىسىلەر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 42-ئايەت) ھالاك قىلىنغان قەۋملەر
    ثُمَّ أَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قُرُونًا آخَرِينَ
    ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، باشقا بىر قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن كېيىن باشقا نەسىللەرنى ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا نەسىللەر پەيدا قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى (ئاد قەۋمىنى ياكى سەمۇد قەۋمىنى) ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا نەسىللەر پەيدا قىلدۇق. ئۇلارمۇ ھەقىقەتكە قارشى تۇردى ۋە ھالاك قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 43-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم
    مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَأْخِرُونَ
    ھەر قانداق ئۈممەت ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھېچبىر ئۈممەت ئەجىلىنى ئالدىغا ئالالمىغاندەك، كېچىكتۈرەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھېچقانداق ئۇممەت ئۆز ئەجىلىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ، كېچىكىپمۇ قالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    كۇفرىلىق ئۈستىدە بىرلەشكەن ھەر ئۇممەتكە مۇئەييەن بىر مۇددەتكىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ. ئۇلار ئۇ مۇددەت ئىچىدە تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىسە مەزكۇر مۇددەتنىڭ ئاخىرىدا ھالاك قىلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى نەسىللەرمۇ بەلگىلەنگەن ئەجەللىرى توشقاندا قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولماي ھالاك قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. ثُمَّ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا تَتْرَىٰ ۖ كُلَّ مَا جَاءَ أُمَّةً رَسُولُهَا كَذَّبُوهُ ۚ فَأَتْبَعْنَا بَعْضَهُمْ بَعْضًا وَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ ۚ فَبُعْدًا لِقَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلارنى كىشىلەرگە ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ھالاكەت ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە بولسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن بىز ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىرەر ئۇممەتكە ئۆز ئەلچىسى كەلسە، ئۇ ئۇممەت ئۇ ئەلچىنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ھالاك قىلىپ ئىبرەتلىك قىسسەلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق. يوقالسۇن ئىمان ئېيتمىغانلار گۇرۇھى!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن بىز ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق؛ ھەر ئەلچىمىزنى ئۆز قەۋمىگە ئەۋەتتۇق. ھەر قەۋم ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىسىنى ئىنكار قىلدى ۋە قارشى تۇردى. بىز ئۇ قەۋملەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىنىڭ ئارقىسىدىن ھالاك قىلىپ، ھەممىسىنى ئىبرەتلىك قىسسەلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق؛ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يوق بولۇپ، پەقەت قىسسىلىرى قالدى. ئىمان كەلتۈرمەيدىغان ھەر قەۋم ئىلاھىي رەھمەتتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛ ھەممىسى لەنەتكە يولۇقتى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى 45 ~ 49 - ئايەتلەردە ۋە نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەلىرىنى 23 ~ 41 - ئايەتلەردە بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن پەيغەمبەرلەر ھۇد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن قۇرئان كەرىمدە بىلدۈرۈلگەنلىرى سالىھ، ئىبراھىىم، لۇت، شۇئەيب، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، يۇسۇف، ئەييۇب، زۇلكىفل ۋە يۇنۇس ئەلەيھىسسالاملاردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىلدۈرگەن پەيغەمبەرلىرىدىن باشقىمۇ نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، ھۇد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەردىن يۇنۇس ئەلەيھىسسالامدىن باشقا كەلگەن جىمى پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ئۆز پەيغەمبىرىگە قارشى چىقىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن. ئەمما يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولسا، ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلىپ قۇتۇلۇپ قالغان. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كەلگەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان نەسىللەرنى ھالاك قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ «ھەر قەۋم، ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىسىنى ئىنكار قىلدى ۋە قارشى تۇردى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى مۇسا ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ۋە قارشى چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ قەۋملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىنكاردا ئەزۋەيلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 45-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى مۇسا
    ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَارُونَ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
    ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن پاكىت بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىر قىسىم ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق،‏ — ئەنەس ئالىم

    يۇقىرىدا ھالاك قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن قەۋملەردىن كېيىن بىز مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 46-ئايەت) كىبىر پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى
    إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا عَالِينَ
    ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا. ئۇلار بولسا ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئىماندىن باش تارتتى، ئۇلار مۇتەكەببىر قەۋم ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئىمان ئېيتمىدى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنى ئۆز ۋاقتىدىكى مىسىر پادىشاھى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئەكابىر - ئەشرەپلىرىگە ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئىمان كەلتۈرمىدى. ئۇلار تەكەببۇر ۋە زومىگەر قەۋم ئىدى. «ئايەتلەر» - مۇسانىڭ ھاسىسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى، قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق چىقىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئاپەتلىرى، كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا ۋە قان بالالىلىرى قاتارلىق توققۇز مۆجىزىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇلار فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەردۇر. «كۈچلۈك دەلىل» - ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ كۈچلۈك دەلىل ئىكەنلىكى ياكى ئۇ مۆجزىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولغان ھاسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. فَقَالُوا أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَابِدُونَ
    ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئىنسانغا ئىشىنەمدۇق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزگە قۇل تۇرسا!» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەكابىر - ئەشرەپلىرى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ: «بىز، ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىككى ئىنسانغا ئىشىنەمدۇق؛ ئۇلار دەۋەت قىلغان يولنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىپ ئۇلارغا ئەگىشەمدۇق؟ پەيغەمبەر دېگەن ئىنساندىن بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككىسىنىڭ قەۋمى بولغان بەنى ئىسرائىل بىزگە قۇل تۇرسا! بىزدەك يۇقىرى تەبىقىلىق كىشىلەرگە، بۇنداق قۇل، ئاجىز ۋە خىزمەتچى تەبىقىسىگە مەنسۇپ كىشىلەرگە ئەگىشىش لايىق بولمايدۇ» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُوا مِنَ الْمُهْلَكِينَ
    ئۇلار بۇ ئىككىسىنى (يەنى مۇسا بىلەن ھارۇننى) ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇ ئىككىسىنى ئىنكار قىلىشتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ھالاك بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ ئىككى ئەلچىنى ئەنە شۇنداق يالغانچى دەپ ھالاك قىلىنغۇچىلاردىن بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇ ئىككى ئەلچىمىزنى ئەنە شۇنداق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئىنكار قىلدى، قارشى چىقتى، نەتىجىدە ھالاك قىلىنغۇچىلاردىن بولدى؛ مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمى قۇتقۇزۇلدى، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى غەرق قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 49-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى مۇسا تەۋرات
    وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
    ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب-تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى بەردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى غەرق قىلىۋېتىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن مۇساغا كىتاب (تەۋرات)نى بەردۇق. بىز مۇساغا بۇ كىتابنى، ئۇنىڭ قەۋمى بولغان بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۇ كىتابتىكى ئەھكام ۋە نەسىھەتلەرگە ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ بەخت - سائادەت يولىنى تېپىشى ئۈچۈن ئاتا قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 50-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئەيسا مەريەم
    وَجَعَلْنَا ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ آيَةً وَآوَيْنَاهُمَا إِلَىٰ رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ
    بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىيسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامالى قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز مەريەمنىڭ ئوغلى-ئىسا-نى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى-مەريەم-نى بىرەر دەلىل قىلدۇق؛ ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىيسانى ۋە مەريەمنى بىر ئايەت قىلدۇق، ئۇلارنى ياشاشقا ئۇيغۇن ۋە ئېقىن سۈيى بولغان ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىيسانى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەمنى مۆجىزە قىلدۇق؛ ئىيسانى ئاتىسىز يارىتىپ دۇنياغا كەلتۈردۇق، مەريەمنى مۆجىزىلىك شەكىلدە ئىيساغا ھامىلىدار قىلدۇق. بۇ ئىككى ئەھۋال بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىدىن بىرىدۇر. بىز ئىلتىپات قىلىپ ئۇلارنى ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋە ئېقىن سۈيى بولغان ئېگىز بىر جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئېگىز جاي مۇنبەت بولىدۇ. سۇ ھاياتلىق ئۈچۈن ئاساسلىق ماددىلارنىڭ بىرىدۇر. ئېقىن سۈيى بولغان مۇنبەت يەر ئولتۇراقلىشىپ ياشاشقا ھەقىقەتەن لايىق كېلىدۇ، چۈنكى ئۇنداق يەردە ھاياتلىقنىڭ ئاساسلىق ئىككى ماددىسى بولغان ھاۋا ۋە سۇ ئەڭ ئەلا سۈپەتتە تېپىلىدۇ، يېمەكلىك ماددىلىرى بولغان ئاشلىق، كۆكتات ۋە مايلىق دانلاردا مەمۇرچىلىق بولىدۇ، گۆش - ياغ ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان ھايۋانلار ساغلام كۆپىيىدۇ، بەرىكەتلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ھەزرىتى مەريەمگە ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتىگە دەلىل بولۇش ئىنئامىنى ئاتا قىلغاندەك، ئۇلارغا ئەنە شۇنداق ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش نېمىتىنىمۇ ئاتا قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحًا ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
    ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئى پەيغەمبەرلەر! پاك - يەنى ھالال- نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئەلچىلەر! پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئەنە شۇ ئەلچىلىرىمىزنىڭ ھەربىرىگە ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قەۋمىگە ئۆز دەۋرىدە مۇنداق دېدۇق: «ئى ئەلچىمىز! ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەل قىلىپ نېمەتلىرىمگە شۈكۈر قىلىڭلار. مەن ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 52-ئايەت) تەۋھىد ئاللاھتىن قورقۇش
    وَإِنَّ هَٰذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاتَّقُونِ
    (ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، (مېنىڭ ئازابىمدىن) قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە شۈبھىسزكى، بۇلار بىر ئۇممەت بولغان ھالدا سىلەرنىڭ ئۈممىتىڭلاردۇر ۋە مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن، شۇڭا مەندىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ھەممىڭلارغا ۋەھىي نازىل قىلىپ ئۆگەتكەن ئەنە شۇ دىنىي يول سىلەرنىڭ يولۇڭلاردۇر؛ مېڭىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان دىنىي يولۇڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار (ياراتقۇچىڭلار، باشقۇرغۇچىڭلار ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىڭلار)دۇرمەن. ئۇنداقتا، ماڭا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئازابىمدىن قورقۇڭلار». «ھالال ۋە پاك نەرسىلەر» توغرىسىدا 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 168 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 53-ئايەت) ئۈممەتنىڭ بىرلىكى
    فَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ زُبُرًا ۖ كُلُّ حِزْبٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ
    ئۇلار (يەنى ئۈممەتلەر) دىنىي جەھەتتە نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشالدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن ئۇلار ئارىلىرىدىكى ئىشلارنى پارچە-پارچە كىتاپلار ھالىتىدە بۆلۈۋەتتى، ھەر گۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ قولىدىكى بىلەن خۇشالدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ دىننى ئۆز ئارىسىدا پارچىلاپ، ھەر خىل كىتابلارغا ئايرىدى. ھەر گۇرۇھ ئۆز دىنى بىلەن خۇشال بولۇپ، ماختىنىدىغان بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىنسانلارغا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئەنە شۇنداق دېگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىدىن كېيىن نەپسى خاھىشلىرى بويىچە ئۆز دىنىنى پارچىلاپ پەرقلىق كىتابلارغا ئايرىلدى، ھەر گۇرۇھ، ئۆز كىتابى بىلەن خۇشال بولۇپ ماختىنىدىغان بولدى؛ ئۆزلىرىنى ھەق ئۈستىدە، باشقىلارنى ئازغۇن دەپ دەۋا قىلىدىغان بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 54-ئايەت) ئازغۇنلۇق
    فَذَرْهُمْ فِي غَمْرَتِهِمْ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئۇلارنى ئۆلگەنلىرىگە قەدەر گۇمراھلىقتا تەرك ئەتكىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇڭا سەن ئۇلارنى بىر مۇددەت گۇمراھلىقلىرىدا تەرك ئەتكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ئۇلارنى چۆمۈپ كېتىشكەن غاپىللىقلىرى ئىچىدە بىر مۇددەت تەرك ئەتكىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان قەۋملەرنىڭ ئەھۋالى ، جۈملىدىن ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ يولىدا دەپ دەۋا قىلىدىغان بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت؛ ھەر قەبىلە بىر بۇتقا چوقۇنغان ۋە ئۆزىنى ھەق ئۈستىدە دەپ دەۋا قىلغان. سەن ئۇلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزدۈڭ، ئەمدى بىز ئۇلار ھەققىدە (غازاتتا ئۆلتۈرۈش ياكى نورمال ئۆلۈم بىلەن جېنىنى ئېلىشتەك) بىرەر ئىش قىلغانغا قەدەر، ئۇلارنى ئۆزلىرى چۆمۈپ كەتكەن غەپلەت ئىچىدە تەرك ئەتكىن؛ ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. چۈنكى سېنىڭ ئۇلار بىلەن ھېچقانداق ئورتاق تەرىپىڭ يوق، سەن ئۇلاردىن ئادا - جۇداسەن. ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش بىزگە ئائىتتۇر. بۇ ئايەتتىكى «تەرك ئەتكىن» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇق پېئىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلار بىلەن كارى بولماسلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇش، تەھدىت قىلىش ۋە تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە يولۇقىدىغان يامان ئاقىۋەتنى سەمىگە سېلىش ئۈچۈن كەلگەن. قۇرئان كەرىمدە بۇ مەنىدە كەلگەن باشقا بىرقانچە بۇيرۇق پېئىلى بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 55-ئايەت) نازۇنېمەتلەر بىلەن سىناش
    أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُمْ بِهِ مِنْ مَالٍ وَبَنِينَ
    (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئويلامدۇكى، بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئويلامدۇكى، بىزنىڭ ئۇلارغا مال ۋە ئوغۇللار بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىمىز، — ئەنەس ئالىم

    (55-56) مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشى ئەڭ چوڭ زۇلۇم بولسا، باياشات تۇرمۇشىنى، سەلتەنىتىنى، سانىنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئېتىبارىنى ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ توغرىلىقىغا، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ سۆيىدىغانلىقىغا ۋە قىيامەت كۈنىدىمۇ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىشى ئەڭ خاتا چۈشەنچە، ئەڭ ئاساسسىز كۆزقاراش ۋە ئەڭ ناتوغرا پەرەز ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەلىيەتنىڭ ئۇلار پەرەز قىلغاننىڭ ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مۇشرىكلار بىز ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان مال - مۈلۈك ۋە بالىلارنى، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىغا بىزنىڭ ئالدىن بەرگەن مۇكاپاتىمىز ئىكەنلىكىنى ئويلامدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويلىمىسۇن! بىز ئەسلىدە ئۇلارنى ئۇ مۇشرىكلارغا سىناش، تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىپ چوڭ ئازابقا لايىق بولۇشى ۋە ئازابقا قەدەممۇقەدەم يېقىنلىشىشى ئۈچۈن بېرىۋاتىمىز، لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ. ئەسكەرتىش: 23 ~ 56 - ئايەتلەرنىڭ مەنىسى، 21 - سۈرە (ئەنبىيا)نىڭ 48 ~ 100 - ئايەتلەرنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتلەردە 48 - ئايەتتىن باشلاپ 90 - ئايەتكىچە بىرقانچە پەيغەمبەرنىڭ قىسسىلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ، ئاندىن 91 - ئايەتتە ئۆزى مۇئمىنلارغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ئىككى ئايالنىڭ بىرى بولغان مەريەمنىڭ قىسسىنى قىسقىلا بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئاندىن 92 ~ 100 - ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەۋملىرىگە، ئۆزىنىڭ ئوخشاشلا بىر دىننى ئۆگەتكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئۇ دىنغا ئەمەل قىلىشى ۋە ئۇ دىن بىرلىكىنى ساقلىشى لازىملىقىنى ئېيتقانلىقىنى، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئۇلارنىڭ قەۋملىرىنىڭ ئۇ دىندا پارچىلىنىپ گۇرۇھلارغا ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە قۇرئان نازىل بولغاندىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا 55 - ۋە 56 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ كافىرلارغا مال - مۈلۈك ۋە بالا بەرگەنلىكىنىڭ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 57 ~ 61 - ئايەتلەردە ئۆزى ياخشىلىق قىلىشقا ئالدىرايدىغان كىشىلەرنى تونۇتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 56-ئايەت) غەپلەت ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    نُسَارِعُ لَهُمْ فِي الْخَيْرَاتِ ۚ بَلْ لَا يَشْعُرُونَ
    (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    «ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ئالدىرىغانلىقىمىز»؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئالدىرىغانلىقىمىزدۇر؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاڭقارمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  57. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 57-ئايەت) ئاللاھتىن قورقۇش
    إِنَّ الَّذِينَ هُمْ مِنْ خَشْيَةِ رَبِّهِمْ مُشْفِقُونَ
    ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن رەببىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىدىن ئەيمىنىپ تىترەپ تۇرىدىغانلار، — ئەنەس ئالىم

    (57-59) رەببىدىن ئەيمىنىپ قورقۇپ تۇرىدىغان، رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگەن، رەببىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەر، ئۇلارنىڭ بۇ ئايەتلەردە بايان قىلىنغان سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) «ئاللاھتىن ئەيمىنىش»، ئۇلارنىڭ تەلەپكە لايىق ئىمان كەلتۈرۈشى، ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشى ۋە يامان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىشى قاتارلىق خىسلەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرۇش»، ئۇلارنىڭ قورقۇپ تۇرۇشى بولسا، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ تۇرۇقلۇق، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەسلا مەغرۇرلانمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھتىن ئەيمىنىش كىشىنى قۇرئاننىڭ نەسىھەتىنى قوبۇل قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، قۇرئاننىڭ نەسىھتىنى قوبۇل قىلغانلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلىنىشتا ئەكس ئېتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتنىڭ يولىنى ئاچىدۇ. ئاللاھتىن قورقۇش بولسا، مۇئمىنلىقنىڭ ئالامىتى، ياخشى ئىش قىلىشنىڭ ۋە يامان ئىشتىن ساقلىنىشنىڭ تۈرتكىسى، جەننەتكە كىرىشنىڭ كاپالىتىدۇر. 2) «ئايەتلەرگە ئىشىنىش»، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز ۋە نېمەتلىرى سان - ساناقسىز، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولۇشتا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىنى، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنىڭ ھەق ۋە راستلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىپ ئۇلارغا بويسۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 3) «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك»، ئۇلارنىڭ ئىبادەتتە ئاللاھقا ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى، بۇنى سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا ۋە يامان ئىشلارنى تەرك ئېتىشتە پەقەت ئاللاھ رىزاسىنىلا كۆزلەيدۇ؛ ئۆزىنى ياخشى كۆرسىتىش، پوچىلىق قىلىش ۋە پەخىرلىنىش قاتارلىق ئىللەتلەردىن يىراق ھالدا، ئىخلاس ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 58-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئىمان
    وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگەنلەر،‏ — ئەنەس ئالىم

  59. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 59-ئايەت) تەۋھىد
    وَالَّذِينَ هُمْ بِرَبِّهِمْ لَا يُشْرِكُونَ
    پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىگە شېرىك كەلتۈرمىگەنلەر‏ — ئەنەس ئالىم

  60. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 60-ئايەت) شۈكۈر ئاللاھتىن قورقۇش
    وَالَّذِينَ يُؤْتُونَ مَا آتَوْا وَقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَىٰ رَبِّهِمْ رَاجِعُونَ
    سەدىقە بېرىدىغان ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورققان ھالدا ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىلەردىن سەدىقە بېرىدىغان كىشىلەر بارغۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە بەرگەن ماللىرىنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىش ئېتىقادى بىلەن قەلبلىرى تىترەپ تۇرۇپ بەرگەنلەرگە كەلسەك،‏ — ئەنەس ئالىم

    ۋە بەرگەن ماللىرىنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىش ئېتىقادى بىلەن قەلبلىرى تىترەپ تۇرۇپ بەرگەن كىشىلەر، «ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ دىللىرى تىترىگەن ھالدا چىقىم قىلىش»، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىبادەتلىرىنىمۇ تەلەپ لايىق ئادا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلغان چېغىدا، خۇسۇسەن ئاللاھ يولىدا پۇل - مېلىنى چىقىم قىلغان چېغىدا بىرەر كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپ سېلىشتىن، شۇنداقلا ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل قىلىنماي قېلىشىدىن ئەنسىرەش ئىخلاسنىڭ ئالامىتى، سەمىمىيەتنىڭ ئىپادىسى ۋە ئىماننىڭ دىلغا ئورۇنلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇلارنىڭ بىرىنچى سۈپىتى بۇنى تەكىتلەيدۇ . «ئۇلارنىڭ بەرگەن ماللىرى» - بېرىشكە تېگىشلىك بولغان زاكات، بېرىشى ياخشى بولغان سەدىقە ۋە ئىنائىنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى بەرگەن چاغدا دىللىرىدىكى تەقۋالىق تۇيغۇسى ۋە ئىخلاسى مەدھىيەلەنگەن . ئۇلارنىڭ بۇ خىسلىتى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 61-ئايەت) تەقۋادارلىق
    أُولَٰئِكَ يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَهُمْ لَهَا سَابِقُونَ
    ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، ياخشى ئىشلارنى (باشقىلارنىڭ) ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئالدىرىغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا بەسلىشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشكە ئالدىرايدىغان ۋە ئۇ ياخشىلىقلارغا ئالدىن ئېرىشىدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئاللاھ لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا دۇنيادا نۇسرەت، ئاخىرەتتە جەننەت ۋەدە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان مۇئمىنلار قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا نۇسرەت، غەلىبە، غەنىيمەت ۋە زەپەر قاتارلىق ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 53 ~ 56 - ئايەتلەردە پەيغەمبەرلىرىنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان پىرقىلەرنى، خۇسۇسەن مەككە مۇشرىكلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، 57 ~ 61 - ئايەتلەردە ئىخلاسمەن بەندىلىرىگە خۇش خەۋەر بېرىدۇ، 62 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ ھېچكىمگە كۈچى يەتمەيدىغان ۋەزىپە يۈكلىمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر ئىنساننىڭ ئالدىدا ئىخلاسمەن بەندە بولۇش پۇرسىتى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئەسلىتىپ ھەر كىشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئەمەل قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ، يامان ئىش قىلىۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 62-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    وَلَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَلَدَيْنَا كِتَابٌ يَنْطِقُ بِالْحَقِّ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
    بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش) قىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى ـ يامان ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن نامە ـ ئەمال بار، ئۇلارغا (ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن) قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب بار، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان بىر كىتاب بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ھەر كىشىنى كۈچى يېتىدىغان ئىشقا بۇيرۇيمىز؛ بۇيرۇغان ئىشلىرىمىزنى قىلىش، توسقان ئىشلىرىمىزدىن ساقلىنىش ھېچكىمگە ئېغىر كەلمەيدۇ. كىم قانداق ئىش قىلسا بىر كىتابقا يېزىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ كىتاب قىيامەت كۈنىگىچە ھۇزۇرىمىزدا ساقلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇ كىتاب ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ھېچكىمگە قىلچە ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ؛ يامان ئىشنىڭ جازاسى كۆپىيىپ قالىدىغان، ياخشى ئىشنىڭ مۇكاپاتى كېمىيىپ قالىدىغان ئىش ئەسلا بولمايدۇ، ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كەم - كۈتسىز ھالدا كۆرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تائالا بىلىپ تۇرۇش بىلەن بىللە مەخسۇس پەرىشتىلەرنى بەلگىلەپ، ئۇلارغا يازدۇرۇپ تۇرىدۇ. ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشلىرى بىر كىتابقا يېزىلىپ، ياخشى ئىنساننىڭ كىتابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى «ئىللىيۇن» دېگەن توپلامغا، يامان ئىنساننىڭ كىتابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى «سىججىن» دېگەن توپلامغا بەلگە قويۇلۇپ كىرگۈزۈلىدۇ، نەتىجىدە بارلىق ئىنسانلارنىڭ كىتابلىرى ئەنە شۇ ئىككى توپلامدا جەملىنىدۇ. قىيامەت كۈنى ھەر ئىنساننىڭ كىتابى ئۇ توپلاملاردىن ئېلىنىپ ئۆزىگە بېرىلىدۇ، ئۇ شۇ كىتابىدىكى ئىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ئورنى شۇ كىتابىدىكى ئىشلارغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 63 ~ 77 - ئايەتلەردە پەيغەمبەرلىرىنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان پىرقىلەرنىڭ ئىچىدىن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ جازالىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 63-ئايەت) كاپىرلىق غەپلەت
    بَلْ قُلُوبُهُمْ فِي غَمْرَةٍ مِنْ هَٰذَا وَلَهُمْ أَعْمَالٌ مِنْ دُونِ ذَٰلِكَ هُمْ لَهَا عَامِلُونَ
    ئۇلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) نىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) غەپلەتتىدۇر، ئۇنىڭدىن (يەنى كۇفرىدىن) باشقا ئۇلار كېلەچەكتە نۇرغۇن (يامان) ئىشلارنى قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن غەپلەتتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقىمۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرى باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بۇنىڭدىن غاپىلدۇر. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ يامان ئىشلىرى بار. ئۇلار ئۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن پىرقىلەر تەرسالىقى ۋە تەقلىدچىلىكى تۈپەيلىدىن قىلمىشلىرىنىڭ بىر كىتابقا يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقىدىن غاپىلدۇر؛ ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلمەيدۇ، قىلمىشلىرىنىڭ يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ھېساب بىزگە بېرىدىغانلىقىغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ كۇفرىلىق. تەرسالىق ۋ تەقلىدچىلىك، شۇنداقلا ياخشى ئىشلارنى قىلماسلىقتىن باشقىمۇ (چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتەك) يامان ئىشلىرى بار. ئۇلار ئۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 64-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    حَتَّىٰ إِذَا أَخَذْنَا مُتْرَفِيهِمْ بِالْعَذَابِ إِذَا هُمْ يَجْأَرُونَ
    ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا ناگاھ ئۇلار پەرياد قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    نىھايەت ئۇلارنىڭ راھەت-پاراغەتكە چۆمگەنلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا ناگاھان ئۇلار پەرياد قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ بىز ئۇلارنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرىنى ئازابقا دۇچار قىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا بىردىنلا پەرياد قىلىشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاخىرى بىز ئۇلارنىڭ باياشاتچىلىققا چۆمۈپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن كاتتىباشلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلساق، ئۇلار بىردىنلا نالە - زار قىلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 65-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    لَا تَجْأَرُوا الْيَوْمَ ۖ إِنَّكُمْ مِنَّا لَا تُنْصَرُونَ
    (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ): «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ-: «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، چۈنكى سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، بىزدىن ياردەم كۆرەلمەيسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارغا مۇنداق دەيمىز: «ۋارقىرىماڭلار، زارلىماڭلار، پەرياد چەكمەڭلار، چۈنكى بۇنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. سىلەر بىزدىن ھەرگىزمۇ ياردەم كۆرمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 66-ئايەت) ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر
    قَدْ كَانَتْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ تَنْكِصُونَ
    مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، (ئۇنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، بىراق سىلەر ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنسا يۈز ئۆرۈيتتىڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    سىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا ئايەتلىرىم ئوقۇلغان ئىدى، سىلەر ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار؛ ئىمان كەلتۈرمىدىڭلار ۋە بويسۇنمىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 67-ئايەت) كىبىر دىننى مەسخىرە قىلىش
    مُسْتَكْبِرِينَ بِهِ سَامِرًا تَهْجُرُونَ
    ئۇلار ھەرەم ئەھلى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ ئىماندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كەچلىك پاراڭلىرىدا يامان سۆزلەرنى قىلىدۇ، (يەنى قۇرئانغا تەنە قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆكىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    مۇتەكەببىرلىك قىلغان ھالدا، كەچلىك پاراڭلىرىدا قالايمىقان پاراڭلارنى قىلاتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇرئانغا تەكەببۇرلۇق قىلاتتىڭلار، كېچىلىرى يىغىلىپ ئۇ توغرۇلۇق ئېغىزىڭلارغا كەلگەننى دەيتتىڭلار».‏ — ئەنەس ئالىم

    سىلەر قۇرئانغا تەكەببۇرلۇق قىلاتتىڭلار، مەسخىرە قىلاتتىڭلار، كېچىلىرى يىغىلىپ قۇرئان توغرىسىدا ئېغىزىڭلارغا كەلگەننى دەپ مۇڭدىشاتتىڭلار». بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئىككى ئېھتىمال بار: 1) مەككە مۇشرىكلىرى تەرسالىق، تەقلىدچىلىك، ياخشى ئىشلارنى قىلماسلىق ۋە يامان ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى، بىز ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنى مۇئمىنلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرىدا ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈرۈشتەك بىرەر ئازاب بىلەن جازالىغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ، يەنى ئۇلار يامان ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدۇ، تاكى بىز ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرىنى جازالىغاندا ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەبىقىدىكىلىرى بىردىنلا مىرقىرىشىپ داد - پەرياد قىلىپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار «بەدىر غازىتى»دا ئۆلگەن ۋە ئەسىرگە چۈشكەن چوڭلىرى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. بۇ تەقدىردە بۇ ئايەتلەردە ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى بولىدىغان ئۇ ئىشلاردىن ئالدىنئالا خەۋەر بېرىلگەن بولىدۇ، چۈنكى بۇ سۈرە مەككىدە نازىل بولغان. 2) مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى بۇ دۇنيادا باياشاتچىلىق ئىچىدە كەيپ - ساپا سۈرىدۇ ۋە كۆرەڭلەپ قۇرئانغا قارشى چىقىدۇ. لېكىن بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا دۇچار قىلساق، ئۇلار بىردىنلا نالە - پەرياد قىلىشىپ كېتىدۇ. بۇ تەقدىردە بۇ ئايەتلەردە ئۇ كاتتىباشلارنىڭ كافىر پېتى ئۆلىدىغانلىقى ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدىغانلىقى خەۋەر بېرىلگەن بولىدۇ. بىزنىڭچە بۇ ئىككى ئېھتىمالىنىڭ بىرىنچىسى كۈچلۈك، چۈنكى بىرقانچە ئايەتتىن كېيىن كېلىدىغان 75 ~ 77 - ئايەتلەر بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 68-ئايەت) غەپلەت قۇرئاننى چۈشىنىش
    أَفَلَمْ يَدَّبَّرُوا الْقَوْلَ أَمْ جَاءَهُمْ مَا لَمْ يَأْتِ آبَاءَهُمُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن (يېڭى) نەرسە كەلدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بۇ كالام - قۇرئان- ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن بىر نەرسە كەلدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى چۈشىنىشكە تىرىشمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىغا كەلمىگەن نەرسە كەلدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ سۆزى بۇ قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشەنمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغان، ئەتراپلىق چۈشەنگەن ۋە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلغان بولسا ئىدى، ئۇنى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا ئۇنى ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈپ ئەگىشىش لازىملىقىنى بىلگەن بولاتتى. ياكى ئۇلارغا ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىغا كەلمىگەن نەرسە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئىنكار قىلدىمۇ؟ ياق، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن، ئۇلارمۇ تەۋھىدكە دەۋەت قىلاتتى. مۇھەممەد تۇنجى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەمەس. ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قۇرئانغا ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمەسلىكى ئۆزلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇقى، تەرسالىقى ۋە تەقلىدچىلىكى... قاتارلىق يامان خۇيلىرىدىن بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 69-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى
    أَمْ لَمْ يَعْرِفُوا رَسُولَهُمْ فَهُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ
    ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلار ئەلچىلىرىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار ئۆز ئەلچىسىنى تونۇمىدىمۇ؟ شۇڭا ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ياكى ئۇلار ئۆز ئەلچىسى مۇھەممەدنىڭ ئۆز ئىچىدە راستچىل، ئىشەنچلىك ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋالىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھازىر ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟ ياق، ئۇلار مۇھەممەدنى ناھايىتى ئوبدان تونۇيدۇ، ئۇنىڭ يالغان ئېيتمىغانلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ھەسەت قىلغانلىقى، تەرسالىق قىلغانلىقى ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يولىدىن ۋاز كېچەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ دەۋىتىنى ئىنكار قىلدى. بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئالدىنقى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە كۆرسىتىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. أَمْ يَقُولُونَ بِهِ جِنَّةٌ ۚ بَلْ جَاءَهُمْ بِالْحَقِّ وَأَكْثَرُهُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ
    ياكى ئۇلار ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلار ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار: «مۇھەممەد جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم» دەمدۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. ئۇ ئۇلارغا ھەقنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى يامان كۆرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياكى ئۇلار: «مۇھەممەد ئەقلىدىن ئازدى، ئېلىشىپ قالدى، نېرۋىسى بۇزۇلدى» دەمدۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئەكسىچە مۇھەممەد بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئەلچىمىز بولۇپ ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى يامان كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تەرسالىق قىلىپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىدى، شۇنداقلا مۇھەممەدكە بۇ تۆھمەتنى چاپلىدى. ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن ھەر پەيغەمبەرگە قارشى چىققان تەرسالار، پەيغەمبەر يەتكۈزگەن ھەقىقەتكە بىر نەرسە دېيەلمەي، ئۇنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرگە ئەنە شۇنداق تۆھمەتلەرنى قىلغان. مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ تەرسالىرىمۇ قۇرئان كەرىمگە قارشى ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، «سېھىر»، «ئويدۇرما»، «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دېگەن پەرقلىق سۆزلەرنى قىلغان، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرە مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىش تەكلىپى ئالدىدا ئاجىز قالغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ تائالادىن تاپشۇرۇۋېلىپ يەتكۈزگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۈرلۈك بوھتانلارنى چاپلىغان؛ ئۇنىڭ ھەققىدە «كاھىن، ساراڭ، شائىر، كاززاپ» دېگەن. ئاللاھ تائالا بىرقانچە قېتىم ئايەت نازىل قىلىپ ئۇلارغا رەددىيە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بەرگەن، جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چاپلىغان «ئەقلىدىن ئازدى» دېگەن تۆھمىتىگە رەددىيە بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. مەككە مۇشرىكلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكى ئالدىدا ئۇ قەدەر چارىسىز قالغان ئىدىكى، بىر تەرەپتىن قۇرئان كەرىم ھەققىدە، بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئەنە شۇنداق بولمىغۇر گەپلەرنى قىلاتتى، بىر تەرەپتىن ئۆزئارا قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىماسلىق ۋە قۇرئان كەرىم يەتكۈزۈلگەن سورۇندا قالايمىقان گەپلەرنى قىلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ يەتكۈزۈلىشىنى بېقىستۇرۇش ھەققىدە تەۋسىيەلەر قىلىشاتتى. قۇرئان كەرىم يەتكۈزۈلگەن سورۇندا بولغان چاغلىرىدا ئايەتكە بولغان نەپرىتى يۈزلىرىدە ئەكس ئېتەتتى. پەيغەمبەرلەر دەۋەت قىلغان ھەقىقەت ناھايىتى روشەن ۋە دەلىللەر كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچبىر ئىنكارچى ھەقىقەتكە قارشى بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ، ئەكسىچە كۆڭلىدە ھەقىقەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىشىنىشىنى ئېلان قىلىش ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىش ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە چوڭ ئادەملىكىگە خىلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئۆز كۆڭلىدىكى ئىشىنىشنى بېسىقتۇرۇپ ھەقىقەتنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرگە قارشى ناشايان سۆزلەرنى قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقەتنى يامان كۆرۈشى، ھەقىقەتنىڭ ئۇنىڭ مەنپەئىتىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ۋە ئېتىبارىغا دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈندۇر. مەسىلەن: نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى تەكەببۇرلۇقىنى يېڭەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقەتكە قارشى چىققان، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەكابىر - ئەشرەپلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان. باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىمۇ تەكەببۇرلۇق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكى تۈپەيلىدىن ھەقىقەتنى يامان كۆرگەن. شۇڭلاشقا ئاخىرەتتە دوزاختىكىلەر ئازابقا چىدىيالماي دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىگە، «ئى مالىك! رەببىڭ بىزنى يوق قىلىۋەتسۇن» دەپ نىدا قىلغاندا، مالىك: «سىلەر دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىسىلەر. سىلەرگە دۇنيادا ھەقىقەتنى كەلتۈرگەن ئىدۇق، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەقىقەتنى يامان كۆرگەن ئىدى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 71-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ھەق
    وَلَوِ اتَّبَعَ الْحَقُّ أَهْوَاءَهُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ ۚ بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَنْ ذِكْرِهِمْ مُعْرِضُونَ
    ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى، ئۇنداق بولغىنى يوق، ئۇلارغا (ۋەز ـ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە (ۋەز ـ نەسىھەت بولغان) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ھەقىقەت - قۇرئان- ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى كىشىلەر خاراب بولغان بولاتتى، ئەكسىچە بىز ئۇلارغا ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ھەق ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا بويسۇنسا ئىدى، ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقاتلار بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئەسلىدە بىز بۇ كىتابنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ زىكرىنى ئاتا قىلدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە[6].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر مۇشرىكلار يامان كۆرگەن ھەقىقەت مۇشرىكلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماسلاشسا ئىدى، ئۇ تەقدىردە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقاتلار بۇزۇلۇپ كېتەتتى. چۈنكى مۇشرىكلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرى (ئارزۇ - ئىستەكلىرى) شېرىك ۋە زۇلۇم ئىدى. قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشرىكلار يامان كۆرگەن ھەقىقەت بولسا، كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەۋەبى بولغان تەۋھىد ۋە ئادالەت ئىدى. مۇشرىكلارنىڭ دىلى شېرىك، زۇلۇم ۋە خۇراپات بىلەن قارىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئاننى يامان كۆردى. ئەسلىدە بۇ قۇرئان مۇشرىكلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان، ئۇلارنى بەخت - سائادەتكە يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇلارغا شان - شەرەپ كەلتۈرىدىغان كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇنى ياخشى كۆرۈشى لازىم ئىدى، لېكىن ئۇلار فىرىتىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھەر جەھەتتىن پايدىلىق يولغا باشلايدىغان بۇ كىتابنى يامان كۆردى ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. ھەقىقەت - تەۋھىد، ئادالەت ۋە قىيامەتنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكى بولۇپ ئۇلارنىڭ، مۇشرىكلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا ماسلىشىشى، ئۆز ماھىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شېرىك، زۇلۇم ۋە ئىنكارغا ئۆزگىرىشى دېگەن بولىدۇ. چۈنكى مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرۈش، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىش، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، بىراۋنىڭ مېلىنى ناھەق يەۋىلىش، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش ۋە قىزلارنى تىرىك كۆمۈۋېتىش... قاتارلىق قەبىھ ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر شېرىك ھەقىقەت بولسا ئىدى، ئاسمانلار، زېمىن، ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقات ھازىرقى ئىنتىزاملىق ھالىتىدە بولمىغان، ئەكسىچە ۋەيران بولۇپ كەتكەن بولاتتى، چۈنكى بۇ تەقدىردە ياراتقۇچى ۋە ئىبادەتكە لايىق بولغۇچى بىرقانچە دانە بولاتتى ۋە ھەر ياراتقۇچى ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇشقا، ئۆزى خالىغانچە باشقۇرۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ئۇرۇناتتى، شۇنداقلا باشقا ياراتقۇچىلار بىلەن ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشاتتى، نەتىجىدە كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقات قالايمىقانلىشاتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىنتىزام بولمايتتى. ئەگەر زۇلۇم ھەقىقەت بولسا ئىدى، كائىناتتىكى ھېچبىر نەرسە ئۆز ئورنىدا تۇرمىغان ۋە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرمىغان، ئەكسىچە باشقىسىنىڭ ساھەسىگە كىرگەن، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەن، شۇنداقلا رولىنى جارى قىلىشقا توسالغۇ بولغان بولاتتى. شۇنىڭدەك، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ۋە چوڭلار كىچىكلەرنى خالىغانچە يوق قىلغان، نەتىجىدە كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەر مەۋجۇت ئىنتىزام ئىچىدە بولمىغان بولاتتى. ئەگەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىش ۋە ئاللاھقا ھېساب بېرىش ھەقىقەت بولمىسا ئىدى، ياخشىلىقلار مۇكاپاتسىز، يامانلىقلار جازاسىز قالغان بولاتتى، ھەتتا ياخشىلىق، يامانلىق، جازا، مۇكاپات دېگەن ئۇقۇملارمۇ بولمايتتى. نەتىجىدە ھەقلەر يېيىلەتتى، ھوقۇقلار ئاياغ ئاستى قىلىناتتى، خۇسۇسىي مۈلۈك، ئاممىۋى مۈلۈك دېگەن ئاتالغۇلارمۇ بولمايتتى. قىيامەتكە بولغان ئىمان ئاجىزلاشقاندىكى قالايمىقانچىلىق ۋە زۇلۇملار، قىيامەتكە بولغان ئىمان ھېچ يوق چاغدا مەيدانغا كېلىدىغان قالايمىقانچىلىق ۋە زۇلۇملارنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك ۋە قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە ئىنتىزام بىلەن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىدۇكى، تەۋھىد، ئادالەت ۋە قىيامەتتىن ھەربىرى بىرەر ھەقىقەت بولۇپ، بۇ ھەقىقەت ئىنسانلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەسلا ماسلاشمايدۇ. ئەكسىچە مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۇ ھەقىقەتلەر كائىناتتىكى ئەمەلىيەت بولۇپ داۋاملىشىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى ھەقىقەتتۇر، ئادالەت نىزامى ھەقىقەتتۇر، قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ قايتا تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقى ھەقىقەتتۇر. كائىناتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئىنتىزاملىق ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۇ ھەقىقەتنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 72-ئايەت) رىزىق رەسۇلغا ئەگىشىش
    أَمْ تَسْأَلُهُمْ خَرْجًا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيْرٌ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
    ياكى سەن ئۇلاردىن (ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق گۇمان قىلامدۇ؟) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) ئەجرى ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى بولمىسا سەن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ رەببىڭنىڭ ئەجرى ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى سەن ئۇلاردىن خەج تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟ رەببىڭنىڭ ئاتاسى ياخشىدۇر. ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ياكى سەن ئۇ مۇشرىكلاردىن تەبلىغ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟ ياق. سېنىڭ ئۇنداق قىلغىنىڭ يوق، چۈنكى سېنىڭ ھەققىڭنى سېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن بىز ئۈستىمىزگە ئالدۇق. بىز ساڭا بېرىدىغان مۇكاپات ئەڭ ياخشىدۇر. رەببىڭ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ تائالا باشقا بىرقانچە ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارغا: «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمىدىم، مېنىڭ مۇكاپاتىمنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان» دېگەن مەنىدىكى ئەسكەرتىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان. بۇ ئايەتتە ۋە باشقا ئىككى ئايەتتە «ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن تەبلىغ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىۋاتامسەن يا؟» دەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبلىغ قىلغانلىقىغا ئىنسانلاردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ دەۋەتنى قوبۇل قىلماسلىقىغا توسالغۇ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى سىلكىشلەيدۇ. بىر ئايەتتە «ئىنسانلارنىڭ تولىسى دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ، بولمىسا سېنىڭ تەبلىغ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلغىنىڭ يوق» دەپ تەبلىغنىڭ خالىس قىلىنغانلىقىنى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىقتىن ۋاز كېچەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. دەرۋەقە تەبلىغ ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىنىشى كېرەك. شۇڭلاشقا بارلىق پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن تەبلىغ ئەسناسىدا قەۋمىگە: «مەن سىلەردىن بۇ دەۋىتىم ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مېنىڭ مۇكاپاتىمنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان» دېگەن مەنىدە بىر ئەسكەرتىش قىلغان. «تەبلىغ»نىڭ قۇرئان كەرىمدىكى باشقا بىر ئاتالغۇسى بولغان «نەسىھەت»مۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى نەسىھەت - سەمىمىي بولماق، خالىس بولماق، بىراۋغا كۆيۈنمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ئۇنىڭ مەنپەئەتى بولغان يولغا خالىسانە باشلىماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالار دەۋەت پائالىيىتىنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن ماددىي - مەنىۋى بىرەر مەنپەئەت كۈتمەيدۇ. بۇنىڭ ھېكمىتى، دەۋەت پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلارنىڭ بۇ ئىبادەتنى خالىس قىلىشى ۋە دەۋەتنى ئاڭلىغانلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىغا ھېچقانداق باھانىسى قالماسلىقىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھېچكىمنىڭ «توغرا - خاتانى بىلمىگەن، راست - يالغاننى ئۇقمىغان، ھەق - ناھەقتىن خەۋەردار بولمىغان ئىدۇق...» دەپ باھانە كۆرسىتەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ھەر ئۇممەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ ئۇممەتكە ھەقىقەتنى تەبلىغ قىلىشقا بۇيرۇغان. دېمەككى، پەيغەمبەر ئەۋەتىش قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ باھانە كۆرسىتەلمەسلىكى ئۈچۈندۇر. قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى باھانە كۆرسىتەلمەسلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى چېغىدا ھەقىقەتنى ئېنىق بىلىشىگە، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى بىلىشى، ھەقىقەتنى تولۇق ئاڭلىشىغا، ھەقىقەتنى تولۇق ئاڭلىشى، ھەقىقەتنى ئاڭلىشىنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق توسالغۇ بولماسلىقىغا باغلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 73-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى توغرا يول
    وَإِنَّكَ لَتَدْعُوهُمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى داغدام يولغا دەۋەت قىلىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەسلىدە سەن ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرىۋاتىسەن،‏ — ئەنەس ئالىم

    (73-74) ئى مۇھەممەد! ئەسلىدە سەن ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرىۋاتىسەن، لېكىن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ئۇ كافىرلار بۇ يولغا كەلمەيۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئىنسانلارنى توغرا يولغا چاقىرىشقا بۇيرۇيدۇ، بۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىلاھىي بۇيرۇقنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلغانلىقىنى ۋە تەرسالارنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق باھانە - سەۋەب قالمىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاخىرەتكە ئىشەنمەسلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  74. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 74-ئايەت) كاپىرلىق ئازغۇنلۇق
    وَإِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ عَنِ الصِّرَاطِ لَنَاكِبُونَ
    ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بۇ يولغا كەلمەيۋاتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  75. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 75-ئايەت) كىبىر ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى
    وَلَوْ رَحِمْنَاهُمْ وَكَشَفْنَا مَا بِهِمْ مِنْ ضُرٍّ لَلَجُّوا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
    ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) غا رەھىم قىلساق، ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلارغا رەھىم قىلساق ۋە ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەكمۇ، ئۇلار چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ، باشلىرىدىكى بالانى كۆتۈرۈۋەتكەن بولساق، ئۇلار يەنىلا ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا ئەزۋەيلەيتتى، تېڭىرقايتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر بىز ئۇ مۇشرىكلارغا مەرھەمەت قىلساق ۋە باشلىرىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەك شۈكۈر قىلمىغان، تەۋبە قىلمىغان ۋە توغرا يولغا كەلمىگەن بولاتتى، ئەكسىچە ئۇلار يەنىلا ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلىگەن ۋە گۇمراھلىقتا تېڭىرقىغان بولاتتى. بۇ مۇشرىكلار تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىككە شۇنچىلىك چۆمۈپ كەتكەن ئادەملەركى، ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ۋە باشقا بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ، ھەتتا ئاخىرەتنى ۋە دوزاخنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ كەلسىمۇ يەنىلا ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. وَلَقَدْ أَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ فَمَا اسْتَكَانُوا لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ
    ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ئازاب بىلەن جازالىدۇق، يەنىلا ئۇلار رەببىغا بويسۇنمىدى ۋە ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى ھەر خىل ئازابلارغا دۇچار قىلدۇق، لېكىن ئۇلار يەنىلا رەببىگە بويۇن ئەگمىدى. ئۇلار ئاللاھقا يېلىنمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلدۇق، لېكىن ئۇلار يەنىلا رەببىگە بويۇن ئەگمىدى ۋە ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 77-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئۈمىدسىزلىك
    حَتَّىٰ إِذَا فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَابًا ذَا عَذَابٍ شَدِيدٍ إِذَا هُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ
    تاكى ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا ناگاھان ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تاكى ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا ناگاھان ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ بىز ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا بىردىنلا نائۈمىد بولۇپ كېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاخىرى بىز ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقاندا، ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا بىردىنلا نائۈمىد بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا 64 - ئايەتتە ۋە بۇ ئايەتلەردە مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئىككى قېتىم ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى، يەنىلا ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئالدىنئالا خەۋەر قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قادىر بولالىغان مۇئمىنلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن مۇنۇ ئىككى چوڭ ئازابقا دۇچار بولغان: 1) ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى «بەدر غازىتى»دا مۇشرىكلار قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلاردىن 70 كىشى ئۆلگەن، 70 كىشى ئەسىرگە چۈشكەن. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىكلارنىڭ قوماندان، كاتىۋاش ۋە مۆتىۋەرلىرى ئىدى. 2) ئۇلار ئاچارچىلىققا دۇچار بولغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەھزاب ۋە بەنى قۇرەيزە غازاتلىرىدىن كېيىن، ھىجرەتنىڭ 6 - يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10 كۈنى مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە قوماندانلىقىدا 30 ئاتلىق بىر قوشۇن تەييارلاپ «قۇرەتا» دېگەن جايغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ۋەزىپىسىنى پۈتتۈرۈپ مەدىنىگە قايتىۋاتقاندا، يولدا بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ رەئىسى سۇمامە ئىبنى ئۇسالنى تۇتۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى يېنىدا بىللە ئېلىپ، مۇھەررم ئېيىنىڭ ئاخىرىدا مەدىنىگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇنى مەسجىدنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن بىرىگە باغلاپ قۇيىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نامازغا چىققاندا ئۇنى كۆرۈپ، ساھەبىلىرىگە ئۇنىڭ يەمامە رايونىدا ياشايدىغان بەنى ھەنىفە قەبىلىسىنىڭ رەئىسى سۇمامە ئىبنى ئۇسال ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تاپىلايدۇ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا ئۆيىدىن يېمەك - ئىچمەك ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۈچ كۈن مابەينىدە ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ، لېكىن سۇمامە بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردە، تەلەپ قىلىنغان فىدىيەنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. سۇمامە ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن فىديەسىز قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ، كۆرگەن ياخشى مۇئامىلە تۈپەيلىدىن مەسجىدكە يېقىن بىر جايدىكى سۇدا يۇيۇنۇپ كېلىپ مۇسۇلمان بولىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىدۇ، بۇرۇن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئىسلامنى قاتتىق يامان كۆرىدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىردىن ئېتىبارەن ئۇلارنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رۇخسەت بېرىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ قائىدىلىرىنى ئۆگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇمامە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارىدۇ ۋە مەككىگە «لەببەيكە...» ئېيتىپ كىرىدۇ. ئۇ، مەككىگە «لەببەيكە...» ئېيتىپ كىرگەن تۇنجى مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا دەرغەزەپ بولغان بىر قىسىم قۇرەيشلىكلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرى يەمامەگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭغا چېقىلماسلىق لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھېچكىم ھېچقانداق زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. سۇمامە بولسا، ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ بولۇپ قۇرەيشلىكلەرگە، «مەن دىنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا يەنى مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىردىم. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رۇخسەت بەرمىگۈچە يەمامەدىن سىلەرگە بىر تالمۇ بۇغداي كەلمەيدۇ» دەپ تەھدىت سالىدۇ ۋە يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ. يەمامە مەككىنىڭ يېزىسى (تېرىلغۇ يېرى) ھېسابلىناتتى، مەككىلىكلەر ئاشلىقلارنى شۇ يەردىن كەلتۈرۈپ ياشايتتى. سۇمامە يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن مەككىگە ئاشلىق ئېلىپ بېرىشنى ۋە كەلگەن مەككىلىكلەرگە ئاشلىق بېرىشنى مەنئى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەككىدە ئاچارچىلىق بولىدۇ. مەككىلىكلەر قىيىنچىلىق ئىچىدە قېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خەت ئەۋەتىدۇ، خەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى شېپى كەلتۈرۈپ يالۋۇرىدۇ ۋە سۇمامەگە مەككىگە ئاشلىق كېلىشىگە رۇخسەت قىلىشى توغرىسىدا خەت ئەۋەتىشىنى ئۆتۈنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سۇمامەگە بۇ توغرىدا خەت ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەككىگە ئاشلىق كېلىشى ئەسلىگە قايتىدۇ. لېكىن مەككە مۇشرىكلىرى يەنىلا ئادەم بولمايدۇ؛ شېرىك كەلتۈرۈشتىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىشتىن يانمايدۇ. ئاللاھ تائالا 64 ~ 77 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقتىن ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىمان كەلتۈمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 78 ~ 92 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ، مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۚ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللارنى ئاتا قىلغان زاتتۇر. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرگە ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللارنى ئاتا قىلغان زاتتۇر. بۇلار سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىپ قارار بېرىش قوراللىرىڭلار بولۇپ، ئاللاھ بۇلارنى سىلەرگە ھەقىقەتنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە چۈشىنىش، شۇنداقلا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلدى. لېكىن سىلەر بۇ قابىلىيەتلىرىڭلارنى يارىتىپ بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر قىلمايۋاتىسىلەر. سىلەر ھەم تۇزكورلۇق قىلىۋاتىسىلەر ھەمدە قىيامەتنى، ھېسابنى ۋە دوزاخنى سەل چاغلاۋاتىسىلەر. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ قابىلىيەتلىرىڭلارنى يارىتىپ سىلەرگە ئاتا قىلغان ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ لايىق بولغان يېرىڭلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 79-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    وَهُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
    ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا يارىتىپ كۆپەيتتى، ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىپ زېمىنغا تارقاتقان زاتتۇر. ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تۇنجى ئاتا - ئاناڭلارنى بىۋاسىتە ياراتقان، ئاندىن سىلەرنى تەدرىجىي نەسىل قالدۇرۇش يولى بىلەن كۆپەيتىپ يەر يۈزىگە تارقاتقان، سىلەرگە سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، سىلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغان ۋە سىلەردىن ھېساب ئالىدىغان زاتتۇر. ھەقىقەت ۋە ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئىبادەتتە ئاللاھقا قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرىسىلەر؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. وَهُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ وَلَهُ اخْتِلَافُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۆلتۈرىدىغان، تىرىلدۈرىدىغان ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىنى ئۆزىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان زاتتۇر. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ، ئۆزى خالىغان نەرسىنى يارىتىپ ئۇنىڭغا جان بېرىۋاتقان، ئۆزى خالىغان جانلىقنىڭ جېنىنى ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋاتقان ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان زاتتۇر. ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلىشقا قادىر بولغان ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى، قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتسەڭلار بولمامدۇ؟ سىلەر، جانلىقلارنىڭ بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى، بىر تەرەپتىن ئۆلۈۋاتقانلىقىنى ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ ۋە ئۇزىرىپ - قىسقىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىلەر، بۇ ئىشلارنى پىلانلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان قۇدرەت ئىگىسىنىڭ شېرىكسىز، تەڭداشسىز ۋە ئوخشىشى يوق بولۇشى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولۇشتا يالغۇز بولۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى شۇنچىۋالا پۇختا ياراتقان، ناھايىتى ئىنچىكە ئىنتىزام بىلەن ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەنە شۇ ئاللاھ، ئۆزى كائىناتتىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بېرىپ ۋە بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش مەجبۇرىيىتى يۈكلەپ ياراتقان ئىنسانلاردىن ھېساب ئالماسمۇ؟ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانغا مۇكاپات، ئادا قىلمىغانغا جازا بەرمەي تاشلىۋېتەرمۇ؟ بۇنىڭ ئەكسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قايسى ئەقىلگە سىغىدۇ؟ قايسى مەنتىقكە توغرا كېلىدۇ؟ ئى مۇشرىكلار! سىلەر ھازىر تىرىك، جانلىق، ياشاۋاتىسىلەر. بۇ بىر ئەمەلىيەت، شۇنداققۇ! سىلەرنى ئاللاھ يوقتىن ياراتقان، ئاللاھ ياشىتىۋاتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىشىڭلار ئۈچۈن لايىق بولغان يېرىڭلار - دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇمۇ بىر ئەمەلىيەت. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر ئاللاھ زاماننىڭ ھەممىسىنى قىيامەتكە قەدەر كېچە ياكى كۈندۈز قىلىۋەتسە، بۇنى كىم ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىلاھلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە بۇنى قىلالايدىغان بىرى بارمۇ؟ يوق، شۇنداققۇ! بۇنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسىلەر. ئۇنداقتا، ئىبادەتنى نېمىشقا ئاللاھقىلا قىلمايسىلەر؟ دېمەككى، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى، بىرىنىڭ ئۇزىرىپ يەنە بىرىنىڭ قىسقىرىپ تۇرۇشى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى چەكسىز ئىكەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 81-ئايەت) تىرىلىش ھەقنى ئىنكار قىلىش
    بَلْ قَالُوا مِثْلَ مَا قَالَ الْأَوَّلُونَ
    (ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئويلاپ كۆرمىدى) بەلكى ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمىدېگەن بولسا شۇنى دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەكسىچە ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمىدېگەن بولسا شۇنى دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، بۇرۇنقىلار نېمە دېگەن بولسا شۇنى دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (81-83) ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىدى؛ دەلىللەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمىدى، ئايەتلەرنى چۈشىنىشكە تىرىشمىدى. ئەكسىچە بۇرۇنقى كاززاپلارنى تەقلىد قىلىپ، ئۇلار نېمە دېگەن بولسا شۇنى دېدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ھازىر مۇھەممەد بۇ توغرىدا ‹قىيامەت بار، قايتا تىرىلدۈلىسىلەر، ھېساب بېرىسىلەر، ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار ئازابقا دۇچار بولىسىلەر› دەپ بىزگە سالغان تەھدىتلەرنى، بۇرۇن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان ئادەملەر ئاتا - بوۋىلىرىمىزغىمۇ سالغان. قېنى قىيامەت؟ كىم تىرىلدى؟ بۇ تەھدىتلەر بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر!». مۇشرىكلار ئەنە شۇنداق كەلسە - كەلمەس گەپلەرنى قىلىپ، قىيامەتنى ئىنكار قىلىشلىرىغا ئۆزلىرىچە دەلىل كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كۆپلىگەن ئايەتتە رەددىيە بېرىدۇ. مەككە مۇشرىكلىرى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتنى، جۈملىدىن ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىغا، شۇنداقلا باشقۇرۇۋاتقانلىقىغا ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى، لېكىن ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كۆپلىگەن ئايەتتە بۇ قىلمىشىنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (84 ~ 92 - ئايەتلەردە) ئۇلارغا ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ قىلمىشلىرىنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 82-ئايەت) تىرىلىش ھەقنى ئىنكار قىلىش
    قَالُوا أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
    ئۇلار ئېيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇرۇنقىلار مۇنداق دېيىشكەن ئىدى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەكلەرگە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟‏ — ئەنەس ئالىم

  83. لَقَدْ وُعِدْنَا نَحْنُ وَآبَاؤُنَا هَٰذَا مِنْ قَبْلُ إِنْ هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
    ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزگە سېلىنغان بۇ تەھدىت بۇرۇن ئاتا - بوۋىلىرىمىزغىمۇ سېلىنغان ئىدى. بۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىنلا ئىبارەت!».‏ — ئەنەس ئالىم

  84. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 84-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى
    قُلْ لِمَنِ الْأَرْضُ وَمَنْ فِيهَا إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيىتقىنكى، «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «زېمىن ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ، بىلەمسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    (84-85) ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، «زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتنى كىم ياراتتى، كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە كىم ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار كىمنىڭ مۈلكى؟ كىمنىڭ باشقۇرۇشىدا؟ ئەگەر بىلسەڭلار جاۋاب بېرىڭلار!» دېگىن. ئۇلار بۇ سوئالغا ھېچ ئىككىلەنمەستىن: «ئاللاھ، ئاللاھنىڭ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارغا: «ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئەنە شۇ ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيسىلەر؟ نېمىشقا ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر؟» دېگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 85-ئايەت) تەۋھىد
    سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئويلاپ باقمايسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

  86. قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ
    ئېيىتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيىتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «يەتتە ئاسماننىڭ رەببى ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى كىم؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    (86-87) ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا يەنە: «يەتتە قات ئاسمان ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتنىڭ ئىگىسى كىم؟ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى كىم؟» دېگىن. ئۇلار بۇ سوئاللارغىمۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سەن ئۇلارغا بۇ قېتىم ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقمايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئىبادەتنى شۇ ئاللاھقا قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئازابتىن ساقلاشقا تىرىشمايسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 87-ئايەت) ئاللاھتىن قورقۇش
    سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    ئۇلار «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، «قورقمامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلمايسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

  88. قُلْ مَنْ بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيىتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇۋاتقان، خالىغىنىنى قۇتقۇزىدىغان ۋە خالىمىغىنىنى ھېچكىم قۇتقۇزالمايدىغان كىم، بىلەمسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    (88-89) ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا يەنە: «ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى كىم؟ ئۆزى ئازابىدىن ساقلاشنى خالىغان كىشىنى ئازابىدىن ساقلايدىغان، ئۆزى ئازابلاشنى خالىغان كىشىنى ھېچكىم ئازابىدىن ساقلىيالمايدىغان كىم؟ بىلسەڭلار جاۋاب بېرىڭلار!» دېگىن. ئۇلار بۇ سوئاللارغىمۇ چوقۇم: «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن نەپسىڭلارغا ئالدىنىسىلەر، نېمە ئۈچۈن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئىبادەتنى شۇ ئاللاھقا قىلىشتىن باش تارتىسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 89-ئايەت) ئازغۇنلۇق
    سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ فَأَنَّىٰ تُسْحَرُونَ
    ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئالدىنىسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

  90. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 90-ئايەت) يالغانچىلىق ھەق
    بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِالْحَقِّ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
    ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، لېكىن ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەسلىدە بىز ئۇلارغا ھەقنى سۆزلىدۇق، لېكىن ئۇلار يالغان سۆزلىمەكتە.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ھەقىقەت، ئۇ مۇشرىكلار نەپسى خاھىشلىرى بىلەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئەگىشىپ تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ۋە دەۋا قىلغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە بىز ئۇلارغا ھەقنى كەلتۈردۇق؛ ساڭا بىز ۋەھىي نازىل قىلىپ سېنى ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇدۇق، سەن ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزدۈڭ. سەن بىزنىڭ ئەلچىمىزسەن، سېنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزگەنلىرىڭنىڭ ھەر بىرى بىرەر ھەقىقەتتۇر. لېكىن ئۇلار سېنى ۋە قىيامەتنى ئىنكار قىلىشتا، شېرىك كەلتۈرۈشتە يالغان ئېيتماقتىدۇر، باتىل ئىش قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  91. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 91-ئايەت) ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكى تەۋھىد
    مَا اتَّخَذَ اللَّهُ مِنْ وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُ مِنْ إِلَٰهٍ ۚ إِذًا لَذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهٍ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
    ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ھەرگىزمۇ بالىسى يوق. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. بولغان بولسا ھەر ئىلاھ ئۆزىنىڭ ياراتقىنىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى خالىغان تەرەپكە ئېلىپ باراتتى ۋە بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلىشكە تىرىشاتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار يۇقىرىدىكى (84 ~ 89 - ئايەتلەردە) بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىدە (رۇبۇبىيىتىدە) شېرىك كەلتۈرمەيتتى، لېكىن ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەپ قارايتتى ۋە ئاللاھنىڭ يالغۇز ئىلاھ ئىكەنلىكىدە (ئۇلۇھىيىتىدە) شېرىك كەلتۈرەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى خاتالىقىغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھنىڭ ھەرگىزمۇ بالىسى يوق. ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ بىلەن بىللە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىرەر ئىلاھمۇ يوق. ئەگەر ئاللاھ بىلەن بىللە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق باشقا بىرەر ئىلاھ بولغان بولسا ئىدى، ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتقا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ۋە ئۇنى خالىغانچە باشقۇرۇشقا تىرىشاتتى، نەتىجىدە ئىلاھلار ئۆزئارا ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كۈرەش قىلىشقان بولاتتى ۋە كائىنات ھازىرقى شەكىلدە بولمىغان بولاتتى. ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  92. عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر؛ ئىنسانلار ئۈچۈن غەيىب ۋە ئاشكارا بولغان نەرسىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشلا ئاشكارىدۇر. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر؛ ئاللاھ زاتى، سۈپەتلىرى ۋە پېئىللىرىدا يەككە - يېگانە ئىلاھ بولۇپ، ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم ئاللاھقا شېرىك بولالمايدۇ، ئوخشىمايدۇ، تەڭ كەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 78 ~ 92 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ، تەۋھىدنىڭ ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىشنىڭ دەلىللىرىگە قارىماي كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھىي جازاغا يېقىنلاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. 93 ~ 98 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، مۇشرىكلار جازاغا يولۇققاندا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولماسلىق ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ئەدەپسىزلىك ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ ئۇلارغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا، شەيتانلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  93. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 93-ئايەت) دۇئا
    قُلْ رَبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ
    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى (دۇنيادا) كۆرسىتىدىغان بولساڭ — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «رەببىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىدىغان بولساڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «رەببىم! سەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىدىغان بولساڭ،‏ — ئەنەس ئالىم

    (93-94) ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم! سەن ئەگەر بۇ مۇشرىكلارنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنى مۇشۇ دۇنيادا مەن ھايات چاغدا ئەۋەتىپ ئۇلارنى جازالىماقچى بولساڭ، رەببىم! مېنى ئۇ زالىم قەۋمنىڭ قاتارىدا قىلمىغىن: مېنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىقارغىن، ئۇلار يولۇقىدىغان ئازابتىن ساقلىغىن». ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيادا بىرەر قەۋمگە ئەۋەتكەن ئازابى ئۇلارنىڭ ياخشى - يامان ھەممىسىگە كېلىدۇ. شۇڭلاشقا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغىلى كەلگەن پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئۇ يۇرتتىن چىقىپ كېتىشى لازىملىقىنى ئېيتقان. لۇت ئەلەيھىسسالام كېچىدە چىقىپ كەتكەن، قەۋمى سۈبھى ۋاقتىدا ھالاك قىلىنغان. ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇ دۇئانى ئۆگىتىشىنىڭ ھېكمىتى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بۇ دۇئانى قىلىشقا بۇيرۇلۇشى، ئۇممەتنىڭ دىققەت قىلىشى، ئىلاھىي ئازابقا يولۇقۇشتىن قورقۇپ تۇرۇشى ۋە ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئازاب ئەۋەتىشىدىن ۋە تۇيۇقسىز جازالىشىدىن ئەنسىرىمەسلىك غاپىللىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  94. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 94-ئايەت) دۇئا
    رَبِّ فَلَا تَجْعَلْنِي فِي الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋملەر ئىچىدە قىلمىغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «رەببىم! مېنى زالىم قەۋملەر ئىچىدە قىلمىغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىم! مېنى ئۇ زالىم قەۋمنىڭ ئىچىدە قويمىغىن».‏ — ئەنەس ئالىم

  95. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 95-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    وَإِنَّا عَلَىٰ أَنْ نُرِيَكَ مَا نَعِدُهُمْ لَقَادِرُونَ
    بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە قادىرمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز مۇشرىكلارنىڭ بېشىغا كېلىشنى ۋەدە قىلغان ئازابنى، سەن ھايات چاغدا ئۇلارغا ئەۋەتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز؛ بۇ مۇشرىكلار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن جازالىنىشقا تېگىشلىك بولدى، بىز ئۇلارغا چوقۇم ئازاب ئەۋەتىمىز. بۇنى سەن ھايات چاغدا قىلساقمۇ ياكى سېنى ۋاپات قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قىلساقمۇ، بىزنىڭ بۇنىڭغا قۇدرىتىمىز يېتىدۇ. ئۇلارنى ئازاب ئەۋەتىپ جازالىشىمىز قەتئىي ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىشتۇر. بۇ، سەن ھاياتتا بولساڭمۇ بولمىساڭمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  96. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 96-ئايەت) ئەپۇ قىلىش سەۋر
    ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ السَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
    (ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    يامانلىققا ئەڭ ياخشىسى بىلەن قارشى تۇرغىن، ئۇلارنىڭ سۈپەتلەشلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن. بىز ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىنى ئوبدان بىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، مۇشرىكلارنىڭ يامانلىقىنى كۆرمەسكە سالغىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەت، ھاقارەت ۋە ئەدەپسىزلىكلىرىگە سەۋر قىلغىن، ساڭا قىلىنغان يامانلىققا سەن ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغىن. بىز ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان تۆھمەت، ھەققىڭدە تارقاتقان پىتنە - ئىغۋا ۋە دەۋىتىڭگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، ئۇلارنى يېقىندا جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  97. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 97-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى دۇئا
    وَقُلْ رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ
    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «رەببىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ كۈشكۈرتۇشلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «رەببىم! شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساڭا سېغىنىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    (97-98) ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم! مېنى شەيتانلارنىڭ كۈشكۈرتۈش، قۇترىتىش ۋە قىزىقتۇرۇشلىرىدىن ساقلىشىڭنى تىلەيمەن. رەببىم! ھاياتىم بويىچە شەيتانلارنىڭ يېنىمغا يېقىنلىشىشىدىن مېنى ساقلىشىڭنى تىلەيمەن». توغرا يولغا دەۋەت قىلىش مۇشەققەتلىك ئىش بولۇپ، كەلگەن ئەزىيەت، ھاقارەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش زوردۇر، بولۇپمۇ دەۋەتكە قارشى تۇرغانلارنىڭ يامانلىقىغا ياخشىلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش تېخىمۇ زوردۇر. شەيتانلارغا مانا مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ۋەسۋەسە سېلىش، يەل بېرىش ۋە كۈشكۈرتۈش پۇرسەتلىرى چىقىدۇ، ئۇلار بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ پۈتۈن جان - جەھلى بىلەن پائالىيەتكە ئۆتىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ زور ئىشلارغا بۇيرۇغاندىن كېيىن شەيتانلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ (96 ~ 98 -) ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! سەن دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، ئالدىڭغا چىققان قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلغىن، دۇچ كەلگەن يامانلىقلارنى ئەڭ ياخشى ئىشلار بىلەن قايتۇرغىن. ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنداقتا، سەن يامانلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلغىن، دۈشمىنىڭ دوستۇڭغا ئايلىنىدۇ. بىلگىنكى، يامانلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىش سەۋرلىك كىشىلەرنىڭ خىسلىتىدۇر. شەيتان ھېچبىر زامان، بولۇپمۇ ئۇنداق چاغلاردا بوش تۇرمايدۇ، شۇڭلاشقا بىزدىن شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ساقلىشىمىزنى تىلىگىن. دۈشمەنلىرىڭنى قاچان جازالىساق بىز جازالايمىز، ئۇلارنى بىزگە قويغىن، سەن ئۇلار بىلەن ھەپىلەشمىگىن، دەۋەتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. ئاللاھ تائالا 63 ~ 98 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ كۇفرىلقتا ئەزۋەيلىشى، ئەۋەتكەن ئازابلاردىن ئىبرەت ئالماسلىقى ۋە كۆرسىتىلگەن دەلىللەرگە قارىماسلىقى قاتارلىق گۇناھلىرىنى بىلدۈرىدۇ. 99 ~ 114 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئەسناسىدىكى، قىيامەت كۈنىدىكى ۋە دوزاختىكى ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  98. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 98-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى دۇئا
    وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَنْ يَحْضُرُونِ
    پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىم! شەيتانلارنىڭ يېنىمغا يېقىنلىشىشىدىن ساڭا سېغىنىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

  99. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 99-ئايەت) ئۆلۈم قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان
    حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ
    ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن — مۇھەممەد سالىھ

    نىھايەت ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇركى، «رەببىم! مېنى قايتۇرغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ، تاكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.‏ — ئەنەس ئالىم

    (99-100) يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان مۇشرىكلارنىڭ ھەر بىرى كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش، گۇناھلارغا چۆمۈش ۋە نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماسلىق قاتارلىق يامان قىلمىشلىرىنى تاكى سەكراتقا چۈشكىچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنى ۋاپات قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن پەرىشتىلەر ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ۋە دۈمبىلىرىگە ئۇرىدۇ، ئۇنىڭغا: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىغىن. بۇنىڭ سەۋەبى ئۆز قىلمىشىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئادىل بولۇشىدۇر» دەيدۇ. ئۇ بۇ ئەسنادا، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىدۇ، پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ ۋە ئاللاھقا يالۋۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى دۇنياغا قايتۇرسىلا. مەن ئىلگىرى قىلمىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۆزۈمنى تۈزىتەي». ئاللاھ ئۇنى، «ياق! بولمايدۇ!» دەپ سىلكىشلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ كافىرنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزى ئەمەلگە ئاشمايدىغان قۇرۇق گەپتۇر، پايدىسىز ۋە نەتىجىسىز سۆزدۇر، چۈنكى پۇرسەت كەتكەندە قىلغان پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ، ۋاقىت تۈگىگەندە قىلغان تەۋبە قوبۇل بولمايدۇ. كافىرلار ئۇنداق سۆزلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەن، مەھشەرگاھتا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇلغان، دوزاخنى كۆرگەن ۋە دوزاخقا تاشلانغان چاغلاردىمۇ، دوزاخنىڭ ئىچىدىمۇ ئېيتىدۇ. ھەر قېتىم ئۇلارغا قاتتىق گەپلەر ۋە قوپال مۇئامىلىلەر بىلەن رەددىيە بېرىلىدۇ. ناۋادا ئۇ كافىرلار دۇنياغا قايتۇرۇلسا يەنىلا ئەسكىلىنى داۋاملاشتۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا توسۇق بولۇپ، ئۇ توسۇق ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىرىلغانغا قەدەر شۇنداق قالىدۇ؛ بەدەنلەر قەبرىلەردە، روھلار ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان يەردە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  100. لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ ۚ كَلَّا ۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا ۖ وَمِنْ وَرَائِهِمْ بَرْزَخٌ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    مەن قويۇپ كەلگەن مال ـ مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى مەن قويۇپ كەلگەن يەردە ياخشىلىق قىلارمەن». ياق، ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم ئۇ قىلغان قۇرۇق سۆزدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر توسما بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلارمەن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قۇرۇق گەپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر توسۇق بار.‏ — ئەنەس ئالىم

  101. فَإِذَا نُفِخَ فِي الصُّورِ فَلَا أَنْسَابَ بَيْنَهُمْ يَوْمَئِذٍ وَلَا يَتَسَاءَلُونَ
    سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بىر ـ بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. ئۇلار بىر ـ بىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سوراشمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سۇر چېلىنغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى قالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ھال - ئەھۋال سورىمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    قىيامەتنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، مۇئەككەل پەرىشتە مەخسۇس بۇرغىنىڭ ئىچىگە پۈۋلەيدۇ . بۇرغىنىڭ ئاۋازى بىلەن بارلىق ئۆلۈكلەر دەرھال تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇغقانچىلىق بولمايدۇ ۋە بىر - بىرىدىن ھېچ نەرسە سورىمايدۇ. مۇئەككەل پەرىشتە مەزكۇر بۇرغىنى ئىككى قېتىم پۈۋلەيدۇ، بىرىنچى قېتىم پۈۋلىگەندە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى باشلىنىدۇ ۋە ئۇ چاغدا تىرىك بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. ئارىدىن بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم پۈۋلەيدۇ ۋە ئۆلۈكلەر تىرىلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «پۈۋلەش» ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. «پۈۋلەش» - مۇئەككەل پەرىشتىنىڭ مەخسۇس بۇرغىغا پۈۋلەش بىلەن ئۇنىڭدىن ئاۋاز چىقىرىشىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ئىش «سۇر چېلىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «تۇغقانچىلىق بولمايدۇ» - تۇغقانچىلىق ۋە يېقىنلىق مۇناسىىۋىتىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ؛ ئاتا - ئانىلار، بالا - چاقىلار، قېرىنداش - ھەمشىرىلەر ۋە ئەر - خوتۇنلار بىرى - بىرىگە ھېسداشلىق قىلالمايدۇ، چۈنكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تۇغقانچىلىق ۋە يېقىنلىقنىڭ بولىدىغانلىقى، لېكىن ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاتا - ئانا ۋە تۇغقانلار بىر - بىرىگە ئەسقاتمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. «بىر - بىرىدىن ھېچ نەرسە سورىمايدۇ» - قايتا تىرىلگەندە بىر - بىرىدىن ياردەم سورىمايدۇ، ھال - ئەھۋال سورىمايدۇ، چۈنكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە كافرلارنىڭ دوزاخقا كېتىۋېتىپ يولدا بىر - بىرىگە تاپا - مالامەت قىلىش، بىر - بىرىنى ئەيىبلەش ۋە بىر - بىرىگە گۇناھ ئارتىش ئۈچۈن ئۆزئارا سوئال سورىشىدىغانلىقى ۋە بىر - بىرىگە جاۋاب بېرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلارنىڭمۇ جەننەتتە بىر - بىرىدىن ھال - ئەھۋال سورىشىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا چېغىدىكى ئەھۋاللىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 102-ئايەت) مىزان (تارازا) ئىلاھىي مۇكاپات
    فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر بارغۇ، ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياخشىلىقلىرى مىزاندا ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇئەككەل پەرىشتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇرغا چېلىشى بىلەن قايتا تىرىلىپ قەبرىلىدىن چىققان خالايىق ھېساب ئۈچۈن مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە ھېساب باشلىنىدۇ. ھېسابنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ئەمەللەرنىڭ ئىلاھىي مىزاندا تارتىلىشىدۇر. قىلىنغان ئەمەل بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى كەلتۈرۈپ مىزاندا تارتىدۇ. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يېتىدۇ. «مۇرادىغا يېتىش» - ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە مىسلىسىز خۇشاللىق بولۇپ، بۇ بىر ئايەتتە «باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاش» دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  103. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 103-ئايەت) مىزان (تارازا) دوزاخ ئازابى
    وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ فِي جَهَنَّمَ خَالِدُونَ
    تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر بارغۇ، ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياخشىلىقلىرى مىزاندا يېنىك كەلگەنلەر ئۆزلىرىگە زىيان سالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياخشى ئەمەللىرى يېنىك كەلگەنلەر ئۆزلىرىگە زىيان سالغان كىشىلەردۇر، چۈنكى ئۇلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن، گۇناھقا چۆمگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزلىرىنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە لايىق قىلغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 104-ئايەت) دوزاخ ئازابى
    تَلْفَحُ وُجُوهَهُمُ النَّارُ وَهُمْ فِيهَا كَالِحُونَ
    ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەت چىراي) بولۇپ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ بەت چىراي بولۇپ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    دوزاخ ئوتىنىڭ يالقۇنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە تېگىدۇ، سىيپايدۇ ۋە كۆيدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ؛ دوزاخ ئوتىنىڭ يالقۇنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە تېگىش بىلەن ئۈتلىگەن كاللىدەك، كالپۇكلىرى ئېچىلغان چىشلىرى ھىڭگايغان ھالەتكە كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  105. أَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
    (ئۇلارغا) «سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇلارغا-: «سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلەتتى-دە، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلاتتىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ سىلەر ئۇلارنى يالغان دېگەن ئەمەسمىدىڭلار؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئەنە شۇنداق ئازاب چېكىۋاتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادىكى چېغىڭلاردا سىلەرگە ئايەتلىرىم يەتكۈزۈلگەن ئەمەسمىدى؟ سىلەر ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  106. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 106-ئايەت) قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان ئازغۇنلۇق
    قَالُوا رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْمًا ضَالِّينَ
    ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بەختسىزلىكىمىزگە سەۋەبچى بولغان ئارزۇلىرىمىز بىزگە غالىب كەلدى، بىز ئازغۇن قەۋم بولدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (106-107) ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بەختسىزلىكىمىزگە سەۋەبچى بولغان ئارزۇلىرىمىز (نەپسى خاھىشلىرىمىز) بىزگە غالىب كەلدى، بىز ئۇ ئارزۇلىرىمىزغا بويسۇنۇپ ياماننى تاللىدۇق ۋە ئېزىپ كەتتۇق. رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقىرىپ دۇنياغا قايتا ئەۋەتكىن، ئەگەر بىز قايتا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان ۋە ئۆزىمىزنى تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا تېگىشلىك قىلغان بولىمىز». دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ ۋاقىتتا، دوزاخ ئەھلى: «بىلمىگەن، ئۇقمىغان، خەۋىرىمىز بولمىغان» دەپ باھانە كۆرسەتمەسلىكى، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ھەقسىزلىق قىلىنغانلىقىنى ئېيتماسلىقى ئۈچۈن، دۇنيادا ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتكەن، كىتابلار نازىل قىلغان. پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ئۇ كىتابلاردىكى ئايەتلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزگەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ياخشى - يامان، توغرا - خاتا ۋە ھەق - ناھەقتىن خەۋىرى بولغان، ئاندىن بەزى ئىنسانلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياماننى، خاتانى ۋە ناھەقنى تاللىغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى دوزاخقا لايىق قىلغان. شۇڭلاشقا دوزاخ ئەھلى، يۇقىرىقىدەك ئەيىبلەش ۋە كايىشلارغا ئۆز گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشقا ھېچ نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ: «رەببىمىز! بەختسىزلىكىمىزگە سەۋەبچى بولغان ئارزۇلىرىمىز بىزگە غالىب كەلدى، بىز ياماننى تاللاپ ئازغۇن قەۋم بولدۇق» دېگەن مەنىدىكى سۆزىمۇ، «دۇنيادىكى چېغىمىزدا سېنىڭ ئايەتلىرىڭ بىزگە ئەلۋەتتە يەتكۈزۈلدى يارەب! لېكىن بىز سەن بەرگەن ئەركىنلىكىمىز بىلەن ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى تاللاپ بۇ بەختسىزلىككە ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدۇق» دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  107. رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَالِمُونَ
    پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىمىز! بىزنى بۇ يەردىن چىقارغىن. ئەگەر قايتا ئەسكىلىك قىلساق، ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان بولىمىز».‏ — ئەنەس ئالىم

  108. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 108-ئايەت) دوزاخ ئازابى
    قَالَ اخْسَئُوا فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ
    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قىلىڭلار ۋە ماڭا سۆز ئاچماڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «تۇرغان يېرىڭلاردا قېلىپ خورلۇق تارتىڭلار ۋە ماڭا گەپ قىلماڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    (108-111) ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «تۇرغان يېرىڭلاردا قېلىپ خورلۇق تارتىڭلار ۋە ماڭا بۇ ھەقتە گەپ قىلماڭلار، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم بەندىلىرىم: ‹رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ بىزنى يامانلىقلاردىن ساقلىغىن، بىزگە رەھىم قىلىپ ئىلتىپاتىڭغا لايىق قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دەپ ماڭا دۇئا قىلاتتى، سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى؛ سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىش لازىملىقىنى، ئىتائەت قىلمىساڭلار غەزەپ ۋە ئازابىمغا دۇچار بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇغان ئىدىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈلەتتىڭلار. بۈگۈن مەن ئۇلارنى، سەۋر قىلىپ ھەق ئۈستىدە ئاداققىچە مۇستەھكەم تۇرغانلىقى ئۈچۈن نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈپ مۇكاپاتلىدىم». دەرۋەقە دۇنيادا كافىر پىرقىلەر مۇئمىنلارنى كۆرسە، ئۆزئارا قاش - كۆزلىرى بىلەن ئىشارەت قىلىشىپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشاتتى، ھاقارەت قىلىشاتتى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ «ئاللاھ ئارىمىزدىن ئايرىپ ياخشىلىق قىلغانلار مۇشۇلارمۇ؟!» دېيىشەتتى ، ئۆز ئېتىقادلىرى بويىچە: «بۇلار ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئادەملەردۇر» دېيىشەتتى، «ئەگەر ئىسلام ياخشى دىن بولىدىغان بولسا، ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز مۇسۇلمان بولغان بولاتتۇق» دەپ ئۆزلىرىنىڭ كاتتا ئادەملەر، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاددىي ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىىشىپ مۇسۇلمانلارغا ھاقارەت قىلاتتى، سىرتتىن قايتىپ ئۆيلىرىگە بارغاندا مۇئمىنلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىپ كۆڭۈل ئاچاتتى. ئاللاھ تائالا، بارلىق كافىر پىرقىلىرىنى قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىغاندىن كېيىن ئۇلار يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئۆز گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئادەم بولۇپ يېنىپ كېلىش توغرىسىدا يالۋۇرغاندا، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى چاغلىرىدا مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەنە شۇنداق يۈزىگە سالىدۇ. ئاندىن مۇئمىنلارنى مۇكاپاتلىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ دەردىنى تېخىمۇ ئارتتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنى مۇكاپاتلىغاندىن باشقا، ئۇلارنى كافىرلارغا قاراپ كۈلۈشكە نېسىپ قىلىدۇ؛ مۇئمىنلار كافىرلارغا قاراپ كۈلۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كافىرلارنىڭ دۇنيادا مۇئمىنلارغا قاراپ كۈلۈشلىرىگىمۇ ئوخشىشى بىلەن جازا بېرىلگەن بولىدۇ. كافىرلارنىڭ دەردلىرى قاتمۇقات ئارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  109. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 109-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىمان
    إِنَّهُ كَانَ فَرِيقٌ مِنْ عِبَادِي يَقُولُونَ رَبَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ
    شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن» دەيتتى.(ئىزاھات:ئۇلار بىلال، خەبباب، سۇھەيبلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى ئەبۇجەھىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەسخىرە قىلاتتى.) — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر[1]: «رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم بەندىلىرىم: ‹رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دەيتتى، — ئەنەس ئالىم

  110. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 110-ئايەت) دىننى مەسخىرە قىلىش غەپلەت
    فَاتَّخَذْتُمُوهُمْ سِخْرِيًّا حَتَّىٰ أَنْسَوْكُمْ ذِكْرِي وَكُنْتُمْ مِنْهُمْ تَضْحَكُونَ
    ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى (يەنى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشنى ئۇنتۇدۇڭلار)، سىلەر ئۇلاردىن كۈلەتتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى، سىلەر ئۇلارغا قاراپ كۈلەتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇغان ئىدىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈلەتتىڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

  111. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 111-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات سەۋر
    إِنِّي جَزَيْتُهُمُ الْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوا أَنَّهُمْ هُمُ الْفَائِزُونَ
    (سىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بۈگۈن مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈنھىسىزكى مەن سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، بۈگۈن ئۇلارنى مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۇچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۈگۈن مەن ئۇلارنى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈپ مۇكاپاتلىدىم».‏ — ئەنەس ئالىم

  112. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 112-ئايەت) ھىساب
    قَالَ كَمْ لَبِثْتُمْ فِي الْأَرْضِ عَدَدَ سِنِينَ
    ئاللاھ (ئۇلارغا): «زېمىندا قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ -ئۇلارغا-: «زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارغا يەنە: «زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (112-113) ئاللاھ ئۇلارغا يەنە: «زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز، سانىغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ. ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مەھشەر مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغاندا، مېڭىۋېتىپ دۇنيادا پەقەت ئون كۈنلا تۇرغانلىقىنى بىر - بىرىگە پىچىرلاپ ئېيتىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى بىر كۈنلا تۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەندە ئۆزلىرىنى دۇنيادا يېرىم كۈن تۇرغاندەك، مەھشەرگە يىغىلغاندا بولسا كۈندۈزدىن ئازغىنە ۋاقىت تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىپ بولغاندا دوزاخنىڭ ئىچىدە بۇ توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا، «بىر كۈن ياكى بىر كۈننىڭ بىر قىسمىدا تۇردۇق» دەپ جاۋاب بېرىپ بولۇپ، «ئەگەر بىزنىڭ دۇنيادا قانچىلىك تۇرغانلىقىمىزنىڭ ھەقىقىي مۇددىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇنى سانىغان ۋە ھېسابلىغانلاردىن سوراڭ، بىزنىڭ ئېسىمىزدە يوق» دەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ توغرىدا ئېنىق مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى دوزاختا ئازاب قاتتىق، دەھشەت يامان، قورقۇنچ ئېغىر، ئۇلارنىڭ ئەقلى - ھوشى جايىدا ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  113. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 113-ئايەت) ھىساب
    قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ فَاسْأَلِ الْعَادِّينَ
    ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي ـ كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى (پەرىشتە) دىن سورىغىن» دەيدۇ (ئۇلار دوزاختا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، ھېسابلىغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز، سانىغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  114. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 114-ئايەت) ھىساب
    قَالَ إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ لَوْ أَنَّكُمْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلەر (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇردۇڭلار» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار ئازغىنا ۋاقىتلا تۇردۇڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بەك ئاز تۇردۇڭلار، بۇنى بىلگەن بولساڭلارچۇ!‏ — ئەنەس ئالىم

    (114-115) ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دۇنيادا ئازغىنە زامان تۇردۇڭلار، دۇنيادا تۇرۇش مۇددىتىڭلارنىڭ ئازلىقىنى، دۇنيا مەنپەئەتىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئەسلىي ھاياتنىڭ ئاخىرەت ھاياتى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساڭلار، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىمىگەن، ئەكسىچە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە تائەت - ئىبادەت قىلغان، شۇنداقلا دوزاخقا لايىق بولمىغان بولاتتىڭلار. سىلەر دۇنيا ھاياتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ھايات ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن، ئويلىمىغان ۋە ئۇ توغرىدا تەپەككۇر قىلمىغان بولغاچقا، بىزنىڭ سىلەرنى بىكار ياراتقانلىقىمىزنى ۋە سىلەرنى ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالمايدىغانلىقىمىزنى، شۇنداقلا جازالىمايدىغانلىقىمىزنى ئويلىدىڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟». ئاللاھ تائالا 78 ~ 115 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ ۋە قىيامەتنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ، كافىر پىرقىلەرنىڭ ئۆلۈمى ئەسناسىدىكى، قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدىكى ۋە دوزاختىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ. 116 ~ 118 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ، مۇتلەق پادىشاھ، بارلىقى، بىرلىكى ۋە سۆز - پېئىللىرىنىڭ ھەق، يەككە - يېگانە ئىلاھ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەغپىرەت ۋە رەھمەت تىلەشكە، رىببىگە (ئاللاھقا) مەدھىيە ئېيتىشقا بۇيرۇپ نىجاتلىقنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  115. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 115-ئايەت) تىرىلىش يارىتىلىش مەقسىتى
    أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَاكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ
    ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! بىزنىڭ سىلەرنى بىكارغا ياراتقانلىقىمىزنى ۋە سىلەرنىڭ بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتمايدىغانلىقىڭلارنى گۇمان قىلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر، ئاللاھ بىزنى بىكار ياراتتى، ئاللاھ بىزنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالمايدۇ دەپ ئويلىدىڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟».‏ — ئەنەس ئالىم

  116. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 116-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى تەۋھىد
    فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ
    ھەق پادىشاھ _ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەق ـ پادىشاھ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئېگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلۇغدۇر. ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر، شەكسىز باردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ھەرقانداق كەمچىلىكتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسىدۇر، بىرلىك ۋە بارلىقى ھەقىقەتتۇر، يەككە - يېگانە رەبلىكى ۋە ئىلاھلىقى ئەمەلىيەتتۇر، سۆزى توغرا، ھۆكمى ئادىل ۋە خەۋىرى راستتۇر. ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، چۈنكى مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى پەقەت ئاللاھتىلا باردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ باتىلدۇر، ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىنغان ئىبادەت باتىلدۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە شەنىگە لايىق ئەرشى (تەختى)نىڭ ئۈستىدە كائىناتنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: «ئەرش - عرش» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «تەخت» دېگەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ كەلىمە «سەبەئـ» مەلىكىسىنىڭ تەختى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ تەختى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۆزىنىڭ «ئەرش»ى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا زاتى، ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا ئوخشىشى بولمىغان يەككە - يېگانە رەب ۋە بىردىنبىر ئىلاھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشىنىڭمۇ ھېچقانداق تەختكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ شەنىگە لايىق تەخت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ۋە شۇنداق ئىشىنىش لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  117. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 117-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك
    وَمَنْ يَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ لَا بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِنْدَ رَبِّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ
    كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر مەبۇدنى چاقىرىدىكەن، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، بۇنداق كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ئىلاھقا دۇئا قىلغانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب بېرىدۇ. كافىرلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    كىمكى ھېچبىر دەلىلى بولمىغان تۇرۇقلۇق ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم ھېساب بېرىدۇ. كافىرلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. مەخلۇقاتنىڭ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ چوقۇنۇشىغا ئاللاھتىن باشقا لايىق بولىدىغان ھېچ نەرسە ۋە ھېچ كىشى يوقتۇر. بۇ ھەقىقەتنىڭ سان - ساناقسىز دەلىللىرى باردۇر؛ نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مانا بۇ تەۋھىدۇر، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىنتىزاملىق شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاللاھ تائالادىن غەيرىينىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئەقلىي دەلىلدۇر. ئەمما ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرەر نەرسىنىڭ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل يوق؛ نازىل قىلىنغان كىتابلاردىمۇ دەلىل يوق، ئەقىلگە، مەنتىقكە ۋە ۋىجدانغا توغرا كېلىدىغان بىرمۇ دەلىل يوق. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە، جۈملىدىن بۇ ئايەتتە شېرىك كەلتۈرگەنلەرنى «ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانماستىن شېرىك كەلتۈرگەن كىشى» دەيدۇ، چۈنكى بىرەر دەلىلگە ئاساسلانغان مۇشرىك يوق، چۈنكى دەلىل يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىر يەردە مۇشرىكلاردىن، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىنىڭ توغرىلىقىغا ئىلگىرىكى كىتابلاردىن ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان ئىلىملەردىن بىرەر دەلىل كۆرسىتىشلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاندىن مۇشرىكلارنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشرىكلارنى بىرەر دەلىلگە ئاساسلانماستىن شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسۇشى ۋە ئۇلارنى دەلىلگە ئاساسلانماستىن شېرىك كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىشى، ئۇلارنى ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا، شۇنداقلا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەلىل يوق ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىشكە، نەتىجىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە ۋە تەۋھىدكە قايتىشقا دەۋەت قىلىشىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا مۇئمىنلارنىڭ چوقۇم مۇرادىغا يېتىدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ، سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى بۇ ئايەتتە كافىرلارنىڭ ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار دىنىي جەھەتتىن قانداق ئىسىملار بىلەن ئاتالسا ئاتالسۇن نەتىجىدە مۇئمىنلار پىرقىسى ۋە كافىرلار پىرقىسى بولۇپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بىرى قارا يۈزلۈكلەر پىرقىسى بولۇپ ئۇلار مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ، يەنە بىرى ئاق يۈزلۈكلەر پىرقىسى بولۇپ ئۇلار مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دۇنيادا يامان يولنى تاللىغانلار بىلەن ياخشى يولنى تاللىغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى ئىلاھىي ئادالەت بىلەن ئەنە شۇنداق پەرقلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مېھرىبان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاقىۋەتلەرنى ئالدىنئالا بىلدۈرۈپ، ياخشى پىرقىگە خۇش خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئاداققىچە ياخشى بولۇشى لازىملىقىنى سەمىگە سالىدۇ، يامان پىرقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە پۇرسەت بار چاغدا يامان يولدىن يېنىپ ياخشى پىرقىنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشقا تەرغىب قىلىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  118. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 118-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى دۇئا
    وَقُلْ رَبِّ اغْفِرْ وَارْحَمْ وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ
    «پەرۋەردىگارىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىسەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئېيتقىنكى: «رەببىم! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «رەببىم! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتقىنكى: «رەببىم! خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىمنى ئەپۇ قىلىپ مېنى يامانلىقلاردىن ساقلىغىن، ماڭا رەھىم قىلىپ ئىلتىپاتىڭغا لايىق قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن يارەب!». ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، بۇ دۇئانى قىلىشقا بۇيرۇش بىلەن قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ، خالىس نىيەت، راست سۆز ۋە توغرا ئىش بىلەن ئىلاھىي مەغپىرەت ۋە رەھمەتكە ئېرىشىشكە، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى «مۇرادىغا يېتىدىغان مۇئمىن» بولۇشقا چاقىرىدۇ ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يولى يوق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى