نىسا سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 176 ئايەت
مەنىسى: ئاياللار. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاياللار ھەققىدىكى ئەھكاملار كۆپ
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا
    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنسان (ئادەم ئەلەيھىسسالام) دىن ياراتقان، شۇ ئىنساندىن ئۇنىڭ جۈپتى (يەنى ھەۋۋا) نى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامىنى شېپى كەلتۈرىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئۇ نەفسنىڭ جۈپتىنى ئۇ نەفستىن ياراتتى، ئۇ ئىككىسىدىن كۆپ ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى تۆرەلدۈرۈپ تارقاتتى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر بىر - بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا ئۇنىڭ نامى بىلەن سورايسىلەر. تۇغقانلىرىڭلارغا سىيلە - رەھىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بارلىق ئىنسانلارنى «رەببىگە تەقۋادارلىق» قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ باشلىنىش ۋە داۋاملىشىش جەريانىنى بايان قىلىش بىلەن «رەببىڭلار»نىڭ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا تەقۋادارلىققا قىلغان بۇيرۇقىنىڭ سەۋەبىگە ئىشارەت قىلىدۇ. «رەب» - ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى دېگەن بولىدۇ، چۈنكى يوقتىن يارىتىش، كۆپەيتىش ۋە تارقىتىش «رەب»نىڭ مەنىسىنىڭ ئەنە شۇلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «تەقۋادارلىق» بولسا، مۇسۇلمانلىقنىڭ بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىشىدۇر، چۈنكى «تەقۋادارلىق» - ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىش دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنە ئاللاھ تائالاغا تولۇق ئىتائەت قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ ۋە «ئاللاھقا تەسلىم بولۇش- ئىسلام» دەپ ئاتىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىڭلار، رەببىڭلار توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن يېنىڭلار، رەببىڭلار قىلغان نەسىھەتلەرگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىڭلار؛ يەنى ئى ئىنسانلار! لايىق رەۋىشتە مۇسۇلمان بولۇڭلار. ئۇ رەببىڭلار، ئالدى بىلەن تۇنجى ئاتا - ئاناڭلارنى (ئادەمنى ۋە ئۇنىڭ جۈپتى - ھەۋۋانى) يارىتىپ، ئاندىن باشقا ئىنسانلارنى، ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئۆزى ئالدىنئالا بېكىتكەن سىستېما بويىچە ئۇ ئىككىسىنىڭ نەسىل قالدۇرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە نەسلىنىڭ نەسىل قالدۇرۇشى بىلەن كۆپەيتىپ يەر يۈزىگە تارقاتقان، ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى دۇنيانىڭ ئەجىلى توشقۇچە مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرىدىغان، ئىنسانلارنى قىيامەتكە قەدەر ئەنە شۇنداق يارىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى باشقۇرىدىغان (ھەر ئىنساننى ئۆزى خالىغان زاماندا، ئۆزى خالىغان ماكاندا، ئۆزى خالىغان جىنستا، ئۆزى خالىغان قەددى - قامەت ۋە چىراي - شەكىلدە يارىتىدىغان، ئۆزى خالىغان چاغدا ئۆلتۈرىدىغان) ۋە ئۇلارنى رىزىق بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان ئاللاھتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىنسانلارنى لايىق رەۋىشتە مۇسۇلمان بولۇشقا يەنە بىر قېتىم بۇيرۇيدۇ ۋە بۇ بۇيرۇقنىڭ باشقا بىر سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ سەۋەب بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ئىسمىنى شېپى كەلتۈرۈپ بىر - بىرىگە مۇراجىئەت قىلىدىغان زات بولۇشىدۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم قىلىشقىمۇ بۇيرۇيدۇ. بۇ بۇيرۇقنىڭ «تەقۋادارلىق»قا قىلىنغان بۇيرۇق بىلەن بىرلىكتە چۈشۈرۈلۈشى تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىگە، «الأرحام - تۇغقاندارچىلىقلار»نىڭ ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىش جەريانى بىلەن بىرلىكتە زىكىر قىلىنىشى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلاھىي نېمەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئايەت «ئاللاھ كۆزىتىپ تۇرماقتىدۇر» دېگەن مەنىدىكى جۈملە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. دېمەككى، «ئىسلام» - ئىنساننىڭ ھاياتىنى باشقۇرىدىغان ئىلاھىي نىزام بولۇپ، مۇسۇلمانچىلىق «ئاللاھ مېنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ياشاش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. وَآتُوا الْيَتَامَىٰ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ ۖ وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَهُمْ إِلَىٰ أَمْوَالِكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ حُوبًا كَبِيرًا
    يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى يامانغا (يەنى ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ياخشىسىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىڭلارنىڭ يامىنىغا) تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى ناچارغا تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېتىملەرگە ماللىرىنى بېرىڭلار، ناچارنى ئوبدانغا تېگىشىۋالماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋەسىيلەرنى يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ناچار ماللىرىنى يېتىملەرنىڭ ياخشى ماللىرىغا تېگشىۋېلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىغا قوشۇپ يەۋېلىشتىن توسىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَىٰ فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا
    ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرىسەڭلار، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرىسەڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. شۇنداق قىلىشىڭلار ئادىللىقتىن چەتلەپ كەتمەسلىكىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر يېتىم قىزلارنى نىكاھىڭلارغا ئالغان تەقدىردە ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ياققان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىرنى ياكى قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار. بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا يېقىندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ھىمايىسىدىكى يېتىم قىزلارنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىشنى ئارزۇ قىلغان، لېكىن ئۇلارنى نىكاھىغا ئالغان تەقدىردە ئادىل مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن قورققان كىشىلەرگە يول كۆرسىتىدۇ ۋە باشقا ئاياللاردىن تۆتكىچە نىكاھىغا ئېلىشنى، ناۋادا بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئۆيلىنىپ ئادىل بولالماسلىقتىن قورقسا بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشىنى ياكى قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن نىكاھىغا ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ زۇلۇمدىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً ۚ فَإِنْ طِبْنَ لَكُمْ عَنْ شَيْءٍ مِنْهُ نَفْسًا فَكُلُوهُ هَنِيئًا مَرِيئًا
    ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق (يەنى پاك ـ ھالال بىلىپ) يەڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنسە، سىلەر ئۇنى خۇشاللىق بىلەن بىمالال ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاياللىرىڭلارغا تويلۇقلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار كۆڭۈللىرى خالاپ تويلۇقنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە بېرىۋەتسە، ئۇنى يەڭلار، مەززىلىك ۋە سىڭىشلىق بولسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە نىكاھىغا ئالماقچى بولغان ئاياللارغا تويلۇقلىرىنى سوۋغات سۈپىتىدە بېرىشكە ئەمر قىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئاياللار كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن، بەلگىلىنىپ بولغان تويلۇقىنىڭ بىر مىقدارىنى ئەرلىرىنىڭ زىممىسىدىن چۈشۈرۈۋەتسە ياكى ئېلىپ بولغان تويلۇقىنىڭ بىر مىقدارىنى ئەرلىرىگە بېرىۋەتسە، ئەرلەرنىڭ ئۇنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. وَلَا تُؤْتُوا السُّفَهَاءَ أَمْوَالَكُمُ الَّتِي جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ قِيَامًا وَارْزُقُوهُمْ فِيهَا وَاكْسُوهُمْ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا
    ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەڭلار. ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن تىرىكچىلىك ئاساسى قىلىپ بەرگەن مال-مكۈڭلارنى (يەنى يېتىملەرنىڭ سىلەر ۋەسىي بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان مال-مۈلكىنى ئۇلار ئىچىدىكى) گالۋاڭلارغا تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە تىرىكچىلىك ئاساسى قىلىپ بەرگەن ماللىرىڭلارنى ئەقلى يېتىلمىگەن ئادەملەرگە بەرمەڭلار، ئۇ ماللارنى ئىشقا سېلىپ تاپقان پايداڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك ئېھتىياجىنى قامداڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار[1]. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ماللىرى تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك بولغان يېتىملەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئەقلى تاكامۇللاشقان يېتىملەر ئىكەنلىكى، يېتىملەر بالاغەتكە يەتكەن بولسىمۇ ئەقلى تاكامۇللاشمىغان بولسا، ئۇلارغا ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى، بۇ تەقدىردە ۋەسىيلەرنىڭ ئۇلارنى يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇلارغا ماللىرىنى بەرمىگەننىڭ سەۋەبىنى چىرايلىق گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۆز ماللىرىنى باشقۇرغۇدەك بولغاندا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، ھازىرچە بەرسە زايە بولۇپ كېتىش خەۋپى بارلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَابْتَلُوا الْيَتَامَىٰ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُمْ مِنْهُمْ رُشْدًا فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَأْكُلُوهَا إِسْرَافًا وَبِدَارًا أَنْ يَكْبَرُوا ۚ وَمَنْ كَانَ غَنِيًّا فَلْيَسْتَعْفِفْ ۖ وَمَنْ كَانَ فَقِيرًا فَلْيَأْكُلْ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِذَا دَفَعْتُمْ إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ فَأَشْهِدُوا عَلَيْهِمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
    يېتىملەرنى نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار. ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال ـ مۈلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي بولسا، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال ـ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل بولسا، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا مال-مۈلكىنى باشقۇرالىغۇدەك ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مال ـ مۈلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ ۋە ئالدىراپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسىي بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، ئۇ يېتىمنىڭ مال ـ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى تارتسۇن، كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىگە يارىشا) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن. سىلەر يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا، باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېتىملەرنى سىناڭلار. ئۇلار تاكى نىكاھلىنىش چېغىغا[2] يەتكەندە ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەقلى يېتىلگەنلىكىنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا ماللىرىنى بېرىڭلار. ئۇلار چوڭ بولۇپ قالىدۇ دەپ ماللىرىنى ئىسراپ قىلىپ ۋە ئالدىراپ يەۋالماڭلار. كىمكى بىھاجەت بولسا ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا تىرىشسۇن. كىمكى موھتاج بولسا مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا يېسۇن[3]. ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزلىرىگە بەرگەن چېغىڭلاردا گۇۋاھچىلارنىڭ يېنىدا بېرىڭلار. ئاللاھ تولۇق ھېساب ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋەسىيلەرنى ئۆز ھىمايىسىدىكى يېتىملەرنى نىكاھلىنىش چاغلىرىغا (يەنى بالاغەتكە) يەتكەنگە قەدەر سىناشقا، ئەگەر ۋەسىيلەر ئۇلارنىڭ ئەقلى تاكامۇللاشقانلىقىنى بايقىسا ئۇلارغا ماللىرىنى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ۋەسىيلەر ئەگەر پېقىر (مالغا موھتاج) بولسا، ئۆز ھىمايىسىدىكى يېتىملەرنىڭ ئۆز باشقۇرۇشىدىكى ماللىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا يېسە بولىدىغانلىقىنى، ناۋادا ئېھتىياجلىق بولمىسا يېمەسلىكى لازىملىقىنى بىلدۈرۈىدۇ. ۋەسىيلەرنى يېتىملەرگە ماللىرىنى گۇۋاھچىلارنىڭ ھۇزۇرىدا بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەت «ئاللاھ تولۇق ھېساب ئالغۇچىدۇر» دېگەن مەنىدىكى جۈملە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ، يېتىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىدىكى بۇيرۇقلارغا بۇيسۇنمىغان، چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغان ۋە نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالمىغان ۋەسىيلەرگە ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. موھتاج ۋەسىينىڭ ئۆز ھىمايىسىدىكى يېتىمنىڭ مېلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا يېيىشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئۆز ھىمايىسىدىكى يېتىملەرگە ياكى ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە ياكى ھەر ئىككىسىگە قارايمەن دەپ كەسىپ قىلالمىغان، ئىشلىيەلمىگەن، شۇنداقلا تۇرمۇشىنى قامدىيالمىغان ۋەسىي، يېتىمنىڭ مېلىدىن ئېھتىياجىغا تۇشلۇق ئېلىپ تۇرمۇشىنى قامدىسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆز ھىمايىسىىدىكى يېتىمنى ياكى يېتىملەرنى بېقىش ۋە تەربىيەلەش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنىڭ كۆپ مال - مۈلكىنى (زاۋۇت، كارخانا، شىركەت، دۇكان ياكى يايلاقتا مال، ئېتىزلىقتا زىرائەت، باغلاردا مېۋىلەر ۋەھاكازاغا ئوخشاش بايلىقىنى) باشقۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن باشقا كەسىپ، تىجارەت ۋە ئىشلەش قاتارلىقلارغا چولىسى تەگمىگەن ۋەسىيلەر يېتىمنىڭ مېلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ھەق ياكى مائاش ئېلىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلسا ۋە تۇرمۇشىنى قامدىسا بولىدۇ. ئىلاۋە: جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاجىز تەبىقىسى يېتىم بالىلار بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەت ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇ ئايەتلەردە جەمئىيەتنىڭ باشقا تەبىقىلىرى يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاشقا، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بولۇپمۇ يېتىملەرنىڭ ۋەسىيلىرى يېتىملەرنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىشقا، ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە ھەر جەھەتتىن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى دالالەت قىلىدۇكى، يېتىملەر ئۈچۈن جەمئىيەتنىڭ باشقا تەبىقىلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەر تۆۋەندىكى ئۈچ تۈركۈمگە ئايرىلىدۇ: 1) يېتىملەرنىڭ ئۆزلىرىدىن ۋە مال - مۈلۈكلىرىدىن زىياننى دەپئى قىلىش، 2) يېتىملەرنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشىلىق قىلىش ۋە مال - مۈلۈكلىرىنى ياخشى ساقلاپ بېرىش، ھەتتا بالاغەتكە يەتكۈچىلىك بىرەر ئىشتا ئايلاندۇرۇپ كۆپەيتىپ بېرىش، 3) ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەملىشىش ۋە توي ئىشلىرىغا باشتىن - ئاخىر قول تىقىش. ئاللاھ تائالا بىرىنچى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بۇ (2 ~ 6 -) ئايەتلەردە ۋەسىيلەرگە يۈكلەنگەن ئەنە شۇ ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىنى بىر يەردە زىكىر قىلىپ، ئۇلارغا بۇ ۋەزىپىلەرنى ئالاھىدە ئەسلىتىدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ، چۈنكى ۋەسىيلەرنىڭ ئۆز ھىمايىسىدىكى يېتىملەرنى لايىق رەۋىشتە ھىمايە قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ياخشى شەكىلدە قوغدىشى ئاللاھ تائالا يۈكلىگەن ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلغانلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ سىيلە - رەھىمگە قىلغان ئەمرىگىمۇ بويسۇنغانلىق بولىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا 6 - سۈرە (ئەنئام)نىڭ 152 - ئايىتىدە يېتىملەرنىڭ ۋەسىيلىرىگە، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ياخشى يول بىلەن يېقىنلىشىش رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ يەردە (5 - ۋە 6 - ئايەتلەردە) بولسا، يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ۋەسىيلەرگە تىرىكچىلىك قىلىش ئاساسى قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇ ماللارنى ئۇلار ئىشقا سالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭمۇ ماللىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، يېتىملەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك ئېھتىياجىنى ئۇ ماللار بىلەن ئەمەس، ئۇ ماللارنىڭ پايدىسى بىلەن قامدىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇ ئايەتتىكى (6 - سۈرە ئەنئام، 152 - ئايەت) «ياخشى يول»نىڭ ئۇ ماللارنى ئىشقا سېلىپ كۆپەيتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ ۚ نَصِيبًا مَفْرُوضًا
    ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە) ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار. ئاتا-ئانىسى ۋە توغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ (يەنى تەرەكە) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم (ئاللاھنىڭ ئادىل شەرىئىتىدە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ (ئىزاھات: جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بەزى ئەرەبلەر ئاياللاغا ۋە كىچىك بالىلارغا مىراس بەرمەيتتى. جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ بۇ ئادىتى مۇشۇ ئايەت نازىل بولۇش بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار. ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەرلەر ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن نېسىۋىسى بار. — ئەنەس ئالىم

    بۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتىمۇ كۆرسەتكەندەك، ئىنسان يا ئەر ياكى ئايال بولىدۇ. دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان ئەجىلى بەلگىلەنگەن ھالدا كېلىدۇ، ئەجىلى توشقان ئىنسان ئۆلىدۇ. ئەجەل مۇئەييەن ياشتا ئەمەس، ياكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەمەس، ئەكسىچە ھەر ئىنساننىڭ ئەجىلى ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ۋاقىتلاردا توشىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلگەن ھەر ئىنسان ياشاۋاتقان بىر ئىنساننىڭ ياكى بىرقانچە ئىنساننىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى (بالىلىرى، قېرىنداشلىرى، ھەمشىرىلىرى ۋە جۈپتىلىرى)دىن بىرى بولىدۇ. ئۆلگەن ئىنساننىڭ مەلۇم مىقداردا پۇل - مېلى بولۇشىمۇ بىر ئەمەلىيەت بولۇپ، بۇ پۇل - مال ئۇنىڭ ھاياتتا قالغان ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرىغا ئۈلەشتۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆلگەن ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرىنىڭ مىراسىدىن ئەرلەرنىڭمۇ ئۈلۈش ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئاياللارنىڭمۇ ئۈلۈش ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن، ئەنە شۇ مىراسنى ئۈلەشتۈرۈش مەسىلىسىنىڭ ھۆكمىنى قىسقىچە بىلدۈرىدۇ، ئاندىن بۇ سۈرىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە بۇ ھۆكۈمنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. وَإِذَا حَضَرَ الْقِسْمَةَ أُولُو الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينُ فَارْزُقُوهُمْ مِنْهُ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا
    تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، (تۇغقان ئەمەس) يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن (يەنى تەرەكىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز نەرسە) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار (يەنى مىراسخورلارنىڭ مېلى، بىزنىڭ ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش ئۆزرىنى ئېيتىڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇ مىراستىن ئاز-تولا بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    تەقسىمات ئەسناسىدا مىراس تەگمەيدىغان تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن يەپ - ئىچكۈدەك بىرەر نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە، مىراس تەقسىماتى ئېلىپ بېرىلىدىغان سورۇنغا ناۋادا مىراستىن ئۈلۈش تەگمەيدىغان تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولۇپ قالسا، ۋارىسلار ۋە شۇ سورۇندا سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەر، تەقسىماتتىن ئىلگىرى مىراس مالدىن ئۇلارغا ھەدىيە سۈپىتىدە ئاز - تولىدىن بىر نەرسە بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ. ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ ھەدىيەلەر مەزكۇر تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم، يېتىملەرگە غەمخورلۇق ۋە مىسكىنلەرگە خەيرخاھلىق بولۇپ، ھەر بىرى بىرەر ياخشى ئىشتۇر. مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلىپ كۆڭۈل ئېيتىشى كېرەك. مەسىلەن: ئۇلارغا مىراسنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن ھۆكۈم بويىچە تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە قىلىنغان تەقسىماتتا ئۇلارغا ئۈلۈش تەگمەيدىغانلىقىنى تاتلىق تىلدا ۋە ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرۈش لازىم. شۇنىڭدەك، ناۋادا ئۇلارغا ھەدىيە سۈپىتىدە بىرەر نەرسە بېرىلمىگەن ئەھۋالدا، ۋارىسلارنىڭ ئارىسىدا نارەسىدە ياكى ئەقىلسىزلەر بولغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن رازىلىق ئېلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا مىراس تەقسىماتىدىن ئىلگىرى ھەدىيە سۈپىتىدە بىرەر نەرسە بېرىلمىگەنلىكىنى چىرايلىقچە چۈشەندۈرۈش كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَلْيَخْشَ الَّذِينَ لَوْ تَرَكُوا مِنْ خَلْفِهِمْ ذُرِّيَّةً ضِعَافًا خَافُوا عَلَيْهِمْ فَلْيَتَّقُوا اللَّهَ وَلْيَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا
    (كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە توغرا سۆزنى ئېيتسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزىدىن كېيىن قالىدىغان كىچىك بالىلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلار باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە لىللا گەپ قىلسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزىنىڭ كۈچسىز بالىلىرى ئۈچۈن بۇلار مەندىن كېيىن قالسا ھالى نېمە بولار؟ دەپ ئەندىشە قىلىدىغانلار، يېتىملەرگە ھەقسىزلىق قىلىشتىن قورقۇپ تىترىسۇن. ئۇلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن ۋە توغرا گەپ قىلسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا يېتىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بىلدۈرگەندىن كېيىن بۇ ئايەتتە ئۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ھىمايەڭلەردىكى يېتىملەر، سىلەر ئۆلۈپ كېتىپ يېتىم قالغان بالىلىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا يېتىملەرگە بۇ چۈشەنچە بىلەن مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈڭلار ۋە غەمخورلۇق قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاڭلار، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىڭلار، ھوقۇقلىرىنى قوغداڭلار، ماللىرىنى يەۋالماڭلار، ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن ۋە ئەقلى تاكامۇللاشقان چاغدا، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردىكى ماللىرىنى گۇۋاھچىلار ھۇزۇرىدا ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، يېتىملەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى توغرىسىدا راست گەپ قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَىٰ ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا ۖ وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا
    زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا يېنىپ تۇرىدىغان ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان دوزاخقا كىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار قورساقلىرىغا چوقۇم ئوت يەيدۇ ۋە يېقىندا دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (2 - ئايەتتە) يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىشتىن، ئۇلارنىڭ ئوبدان ماللىرىنى ناچار ماللارغا تېگىشىۋېلىشتىن توسىدۇ. ئاندىن (6 - ئايەتتە) موھتاج بولغان ۋەسىيلەرنىڭ ئۆز ھىمايىسىدىكى يېتىملەرنىڭ ماللىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا يېيىشىگە رۇخسەت بېرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، يۇقىرىدىكى چەكلىمىگە پەرۋا قىلماي يېتىمنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغانلار (مۇھتاج بولمىغان تۇرۇقلۇق يەۋالغان ياكى موھتاج بولسىمۇ رۇخسەت قىلىنغان مىقداردىن ئارتۇق يەۋالغان كىشىلەر)نىڭ قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ، قارنىغا ئوت يېيىش ۋە كۆيۈش جازاسى بىلەن جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى چەكلىمىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۚ فَإِنْ كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ ۖ وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ ۚ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ ۚ فَإِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ ۚ فَإِنْ كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلِأُمِّهِ السُّدُسُ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًا ۚ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
    ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىزلا بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا ـ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا ـ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن (يەنى بۇ ئىككىسىدىن) قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي، مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا ـ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىلەر ئاتا ـ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەمدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ئۈلۈشى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. مېيىتنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بالىسى بولغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئانىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ئۈلۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەت 7 - ئايەتنىڭ ھۆكمىنى تەپسىلىي بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مېيىتنىڭ ئوغۇل - قىز بالىلىرىنىڭ ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ئۈلۈشلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئۈلۈشلەر تۆۋەندىكىچە: 1) بالىلارنىڭ ئۈلۈشلىرى. ئەگەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئوغۇل - قىز ئارىلاش بالىلىرى بولۇپ ئۇلار ھايات بولسا، ئوغۇللارغا ئىككىدىن، قىزلارغا بىردىن ئۈلۈش تېگىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ، ئۇلار بۇنى ئۆزئارا ئوخشاش نىسبەتتە ئۈلىشىدۇ . ئەگەر ۋارىس بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. 2) ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۈلۈشلىرى. بىر كىشى ۋاپات بولسا ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئاتا - ئانىسى ھايات بولسا، ئۇلار ئۇنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئالىدۇ. بۇ ئۈلۈشنىڭ مىقدارى ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالىسى بولۇپ بولمىغانلىقىغا ۋە قېرىنداشلىرى بولۇپ بولمىغانلىقىغا قاراپ تۆۋەندىكىچە ئۆزگىرىدۇ: ئەگەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالىسى ياكى بالىلىرى ۋە ئاتا - ئانىسى بىرلىكتە ئۇ كىشىگە ۋارىس بولسا، بۇ تەقدىردە ئاتا - ئانىسىدىن ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالىسى بولماي ئۇنىڭغا ئاتا - ئانىسىلا ۋارىس بولغان بولسا، مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئانىسىغا، قالغان ئۈچتىن ئىككىسى ئاتىسىغا تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى يوق، لېكىن ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئاتا بىر ياكى ئاتا - ئانا بىر قېرىنداشلىرىمۇ ھايات بولسا، بۇ تەقدىردە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى ئانىسىغا، قالغان بەشى ئاتىسىغا تېگىدۇ. ئەسكەرتىش: مېيىتنىڭ مەزكۇر قېرىنداشلىرى مىراستىن ئۈلۈش ئالالمايدۇ، لېكىن ئانىنىڭ ئۈلۈشىنى ئۈچتىن بىرى بولۇشتىن ئالتىدىن بىرى بولۇشقا چۈشۈرۈۋېتىدۇ، چۈنكى ئاتا مىراستىن ئالغان بۇ بەش ئۈلۈش بىلەن مېيىتنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىنى (يەنى ئۆز بالىلىرىنى) كىچىك بولغان تەقدىردە باقىدۇ. ناۋادا بۇ قېرىنداشلار (مېيىتنىڭ قېرىنداشلىرى، مېيىتنىڭ ئاتىسىنىڭ باشقا بالىلىرى) چوڭ ئادەملەر بولغان تەقدىردە، مەزكۇر بەش ئۈلۈش ئاتىسى ئۆلگەندە مىراس سۈپىتىدە بۇلارغا قالىدۇ. بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان يەنە مۇنداق ئىككى مەسىلە بار: 1) مېيىتنىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى گۇۋاھچىلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئاغزاكى ئېتىراپ قىلغان ياكى ھايات ۋاقتىدا ھۆججەت قىلىپ بەرگەن قەرزلىرى بار بولسا، ئۇلارنى مىراس تەقسىماتىدىن ئىلگىرى تۆلىۋېتىش لازىم. 2) ئۈلۈشلەردىكى پەرقنىڭ ھېكمىتى: «ئاتا - ئانىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ئۈلۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُنَّ وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۚ وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِنْ لَمْ يَكُنْ لَكُمْ وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُمْ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ وَإِنْ كَانَ رَجُلٌ يُورَثُ كَلَالَةً أَوِ امْرَأَةٌ وَلَهُ أَخٌ أَوْ أُخْتٌ فَلِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ ۚ فَإِنْ كَانُوا أَكْثَرَ مِنْ ذَٰلِكَ فَهُمْ شُرَكَاءُ فِي الثُّلُثِ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَىٰ بِهَا أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَارٍّ ۚ وَصِيَّةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌ
    ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، بۇ چاغدا ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى (ئى ئەرلەر!) سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى مېيىتنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتا ـ ئانىسىز، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ۋە ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ (يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مېيىتنىڭ ئانا بىر، ئاتا باشقا) قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن (يەنى بىردىن) كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مىراس قالدۇرغۇچى ئادەمنىڭ) ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيەدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر خوتۇنلىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، بۇ چاغدا ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇلارغا قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە مېيىتنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا خوتۇنلىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، بۇ چاغدا خوتۇنلىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتا-ئانىسىز، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ (ئانا بىر، ئاتا باشقا) قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن (يەنى بىردىن) كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋەسىيەت ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاياللىرىڭلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا سىلەرگە ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيىتىڭلار ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزىڭلار تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بىرەر ئەرنىڭ ياكى بىرەر ئايالنىڭ ئانىسى ۋە بالىسى يوق ھالەتتە مىراسى ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت بىر قېرىندىشى ياكى بىر ھەمشىرىسى بار بولسا، ئۇ ئىككىسىدىن ھەربىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدە شېرىك بولىدۇ[4]. بۇ تەقسىمات، قىلىنغان ۋەسىيەت ئادا قىلىنىپ ياكى قەرز تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ[5]. ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزۈلمەسلىكى لازىم. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىدۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە ئۈچ تۈرلۈك مەسىلە بايان قىلىنىدۇ: 1) ئەر - خوتۇنلارنىڭ مىراستىكى ئۈلۈشلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئۈلۈشلەر تۆۋەندىكىچە: ئەر - خوتۇنلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ئۈلۈشلىرىنىڭ مىقدارىمۇ ۋاپات بولغان تەرەپنىڭ بالىسى بولۇپ بولمىغانلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ: ئەگەر ئايال ۋاپات بولۇپ ئەر ھايات قالغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىغان تەقدىردە ئېرىگە مىراسنىڭ يېرىمى، بالىسى بولغان تەقدىردە تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئەر ۋاپات بولۇپ ئايال ھايات قالغان بولسا، ئۇ ئەرنىڭ بالىسى بولمىغان تەقدىردە ئايالىغا مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى، بالىسى بولغان تەقدىردە سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. 2) مېيىت ئانا تەرەپتىن «كەلالە» بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىگە تېگىدىغان ئۈلۈشلەر بايان قىلىنىدۇ. ئايەتتىكى «أخ - قېرىنداش»، «أخت - ھەمشىرە» ئانا بىر بولغان قېرىنداش ۋە ھەمشىرىدۇر، چۈنكى بۇلارنىڭ ئالىدىغان ئۈلۈشى مېيىتنىڭ ئانىسىنىڭ ئالىدىغان ئۈلۈشىنىڭ ئوخشىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇشىنىڭ پەرقى يوق. مېيىتنىڭ ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى مېيىتنىڭ بالىسى ۋە ئانىسى بولمىغان تەقدىردىلا مىراستىن ئۈلۈش ئالالايدۇ، شۇنداقلا ئانىسىنىڭ ھەسسىسىنى ئالىدۇ. 3) مېيىتنىڭ ئىككى تۈرلۈك قەرزىنى مىراس تەقسىماتىدىن ئىلگىرى تۆلىۋېتىش لازىملىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ قەرزلەرنىڭ بىرى مېيىتىنىڭ ئۆلۈم ئەسناسىدا، شاھىتلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئاغزاكى ئېتىراپ قىلىپ ۋارىسلارنىڭ تۆلىۋېتىشىنى تاپشۇرغان قەرزى بولۇپ، بۇ قەرز «ۋەسىيەت» دەپ ئاتالغان. يەنە بىر قەرزى مېيىتنىڭ ھايات چېغىدا ھۆججەت يېزىپ بەرگەن قەرزى بولۇپ، بۇ قەرز «دەين» دەپ ئاتالغان. ۋارىسلارنىڭ مىراس تەقسىماتىدىن ئىلگىرى مىراس مالدىن بۇ قەرزلەرنى تۆلىۋېتىشى مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەسىلە ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى بايان قىلىنغان ھەر ئىككى ئايەتتە (11 - ۋە 12 - ئايەتلەردە) ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مېيىتنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئالىدىغان (ۋارس)لار، مىراستىن ئۇنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك قەرزنى تۆلىۋېتىپ، ئاندىن ئېشىپ قالغىنىنى بۇ ئىككى ئايەتتە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن بويىچە تەقسىم قىلىشىشى كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    ئەنە شۇلار (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئەھكاملار) ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇ ئەھكاملار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    (13-14) ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا يېتىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم ۋە نەسىھەتلەرنى، مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئايەتتە ئۇلارغا بويسۇنغانلارنى ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى، بويسۇنمىغانلارنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇشنىڭ، نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىشنىڭ ۋە قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: يېتىملەر بىلەن ۋە مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، قانۇنلىرىدۇر ۋە ھالال بىلەن ھارام ئوتتۇرىسىدىكى چېگرالىرىدۇر. كىم ئۇلارنى بەلگىلىگەن ئاللاھقا ۋە ئۇلارنى يەتكۈزگەن رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلسا، يەنى يېتىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلاھىي ھۆكۈم ۋە نەسىھەتلەرگە بويسۇنسا، مىراس تەقسىماتىنى يۇقىرىدىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئېلىپ بارسا، ئۇلار قىيامەت كۈنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈلىدۇ. ئەمما كىم ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، يەنى يېتىملەرنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلمايدىكەن، ھوقۇقلىرىنى قوغدىمايدىكەن، ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە خەيرخاھلىق قىلمايدىكەن ۋە مىراس تەقسىماتىنى يۇقىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلمايدىكەن، ئۇلار دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَتَعَدَّ حُدُودَهُ يُدْخِلْهُ نَارًا خَالِدًا فِيهَا وَلَهُ عَذَابٌ مُهِينٌ
    كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. ئۇ كىشى دوزاختا يالغۇز ھالدا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا خورلىغۇچى ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

  15. وَاللَّاتِي يَأْتِينَ الْفَاحِشَةَ مِنْ نِسَائِكُمْ فَاسْتَشْهِدُوا عَلَيْهِنَّ أَرْبَعَةً مِنْكُمْ ۖ فَإِنْ شَهِدُوا فَأَمْسِكُوهُنَّ فِي الْبُيُوتِ حَتَّىٰ يَتَوَفَّاهُنَّ الْمَوْتُ أَوْ يَجْعَلَ اللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلًا
    ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە قىلغانلارنى (ئىسپاتلاش ئۈچۈن) ئاراڭلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار؛ ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە (يەنى ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىپ ئايالنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىسا)، تاكى ئاياللىرىڭلار ۋاپات بولغانغا ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئۆيدە تۇتۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    خوتۇنلىرىڭلار ئىچىدە پاھىشە قىلغانلار كۆرۈلسە، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن ئەرلەردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار؛ ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە، تاكى ئۇ ئاياللار ۋاپات بولغانغا ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئۆيدە تۇتۇپ تۇتۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە[6] قىلغۇچىلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، سىلەردىن تۆت كىشىنىڭ ئۇلارغا قارشى گۇۋاھچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە ئۇ ئاياللارنى ئۆلۈپ كەتكىنىگە قەدەر ياكى ئاللاھ ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۆيلەردە تۇتۇڭلار. — ئەنەس ئالىم

    (15-16) «پاھىشە»نىڭ مەنىسى قەبىھ گۇناھ دېگەن بولۇپ بۇ يەردە زىنا كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەت ئۆز ۋاقتىدا زىنا جىنايىتىگە بېرىلىدىغان ۋاقىتلىق جازانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ جازا، ئاياللار ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك ياكى بۇ جىنايەت ئۈچۈن يېڭى بىر جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئايەت نازىل بولغۇچىلىك مەخسۇس ئۆيلەرگە (قاماقخانىلارغا) قاماش ۋە ئەيىبلەش جازاسى، ئەرلەر ئۈچۈن پەقەتلا ئەيىبلەش جازاسىدۇر. كېيىن 24 - سۈرە (نۇر)نىڭ 2 - ئايىتى نازىل بولۇش بىلەن بۇ ئايەتلەرنىڭ ھۆكمى مەنسۇخ قىلىنغان (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان). بۇ ئايەتنىڭ «ئاللاھ ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىسى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋەدە بېرىدۇ، 24 - سۈرە (نۇر)نىڭ 2 - ئايىتىنى نازىل قىلىش بىلەن بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنْكُمْ فَآذُوهُمَا ۖ فَإِنْ تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَحِيمًا
    ئاراڭلاردا ئىككى كىشى پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاراڭلاردا ئىككى كىشى پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار*[1]، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەردىن ئۇ پاھىشىنى قىلغۇچى ھەر ئىككى كىشىگە ئەزىيەت قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا ئەزىيەت قىلىشتىن توختاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  17. إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِنْ قَرِيبٍ فَأُولَٰئِكَ يَتُوبُ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
    ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (17-18) ئاللاھ تائالا ئىنساننى سىناش ئۈچۈن چىرايلىق قامەتتە ۋە مۇكەممەل قابىلىيەتتە يارىتىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى - يامان ئىككى يولنى قويغان، ئۇنىڭغا قايسى يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. شۇڭلاشقا ئىنسان ئۆز ئىختىيارى بىلەن يا باشتىلا يامان يولنى تاللايدۇ ياكى ياخشى يولنى تاللىغان بولسىمۇ بەزىدە ئەخمەقلىق قىلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي، پەرۋاسىزلىقتىن گۇناھ قىلىپ سالىدۇ. ئاللاھ تائالا «بەندىلىرىگە مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك» بولغانلىقى ئۈچۈن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان، ئۆزىنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. كافىر، مۇشرىك ۋە باشقا پۈتۈن گۇناھكارلارنى تەۋبە قىلىشقا تەشۋىق ۋە ئەمر قىلغان، ھەتتا تەۋبە قىلمىغانلارنى ئازابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك، قىلىنغان ھەرقانداق تەۋبىنى ئەمەس، ئەكسىچە مۇئەييەن شەرتلەرگە چۈشىدىغان تەۋبىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ۋاقتىدا قىلىنغان بولۇشى ئۇ شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئىككى (17 - ۋە 18 -) ئايەتتە ئەنە شۇ ۋاقىت بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك تەۋبە ۋاقتىدا قىلىنمىغان تەۋبە ھېسابلىنىدۇ ۋە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) ئۆلۈم بۇرنىغا پۇرىغان، جان ھەلقۇمغا كەلگەن ۋە سەكراتقا چۈشكەن چاغدا قىلغان تەۋبە قوبۇل قىلىنمايدۇ، شۇڭلاشقا فىرئەۋننىڭ غەرق بولۇۋېتىپ قىلغان تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمىغان. ئىنسان جېنىنىڭ قاچان ھەلقۇمغا كېلىشىنى بىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنى تۇتالماي (جاھالەت بىلەن) گۇناھ قىلىپ سالغانلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىنى ئويلاپ دەرھال ئىستىغپار ئېيتىشى (تەۋبە قىلىشى) ۋە گۇناھتىن قول ئۈزۈشى كېرەك. 2) قىيامەت كۈنى قىلغان تەۋبە قوبۇل قىلىنمايدۇ، يەنى ئۆلگەندىن كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا يالۋۇرۇشلار ئەسقاتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّىٰ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
    داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا بىز قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    يامانلىقلارنى قىلىپ، تاكى بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: «ئەمدى تەۋبە قىلدىم» دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

  19. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَرِثُوا النِّسَاءَ كَرْهًا ۖ وَلَا تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُوا بِبَعْضِ مَا آتَيْتُمُوهُنَّ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ ۚ وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰ أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا
    ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق (يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلىۋالماق) سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس ئورنىدا قىلىۋالماق سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشىنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنىڭ بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشتا ئاللاھ كۆپ ياخشىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاياللارغا زورلۇق بىلەن ۋارىس بولۇشۇڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. ئۇلارغا بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى ئېلىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئاشكارا پاھىشە قىلغان ھالەتلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلار بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئاللاھ ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەت ئۈچ ھۆكۈم ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) جاھىلىيەت دەۋرىدە ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا قىلىنىپ كەلگەن بىر زۇلۇمدىن مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زۇلۇمنىڭ شەكلى مۇنداق ئىدى: جاھىلىيەتتە ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ ئايالىغا، ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئىگە بولۇۋالاتتى؛ ئۇلار خالىسا ئۇ ئايالنى ئۆز ئىچىدىن (ئۆلگەن كىشىنىڭ قېرىندىشى ۋە تاغىسىنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش) نىكاھ چۈشىدىغان بىرەيلەنگە ئېلىپ بېرەتتى. خالىسا باشقا بىر ئەرگە بېرەتتى، خالىسا ئۆز ئىچىدىن بىرىمۇ ئالمايتتى، باشقا بىر ئەرگىمۇ بەرمەيتتى، ئۇ ئايالنى ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى ئالغاندىمۇ ياكى باشقا بىر ئەرگە بەرگەندىمۇ، تويلۇقىنىڭ مىقدارى ياكى بۇ نىكاھنى قوبۇل قىلىپ قىلمايدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا، ئۇنىڭ ھېچ ئىختىيارى بولمايتتى، پىكىرى سورالمايتتى، ماقۇللۇقى ئېلىنمايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇ يامان ئادەتنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىملىقىنى، ئاندىن خالىغان كىشى بىلەن توي قىلسا بولىدىغانلىقىنى، خالىسا ئىددىتىنى توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ ئۆيىدە بىر يىلغىچە ئولتۇرۇپ ياشىسا بولىدىغانلىقىنى، بۇ تەقدىردە ئەرنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئۇ ئايالنىڭ بۇ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەخلەپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايال ئۆلۈمنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالغا ئۆلۈپ قالغان ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى (ئۆلۈپ قالغان ئېرىنىڭ قېرىندىشى، تاغىسىنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش ئۇ ئايال بىلەن نىكاھلانسا دۇرۇس بولىدىغان تۇغقانلىرىدىن بىرى) ياكى باشقا بىر يات ئەر كىشى نىكاھلىنىش تەكلىپى قىلسا، ئۇ ئايالمۇ بۇنىڭغا قوشۇلسا، ئۇ كىشى بىلەن (ئۆلۈپ قالغان ئېرىنىڭ بۇ تۇغقىنى ياكى ئۇ يات كىشى بىلەن) نىكاھلانسا بولىدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىم توسالغۇ بولالمايدۇ. 2) ئايالنى، تويلۇقنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئاجرىشىشقا مەجبۇرلاشتىن مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىشمۇ ئايال كىشىگە قىلىنغان بىر زۇلۇم بولۇپ، بۇنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: بەزى ئەرلەر ئايالىنى ياقتۇرمايدۇ (ئۆچ بولۇپ قالىدۇ)، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنى قويۇۋەتمەيدۇ، ئۇنى تۈرلۈك ھەقسىزلىق ۋە ئوساللىقلار بىلەن ئاجرىشىشقا، شۇنداقلا تويلۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئۆزىنى بۇ نىكاھنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتقۇزۇشقا (ئىفتىداغا) زورلايدۇ. بۇ ئايەتتە بۇ زۇلۇمدىنمۇ مەنئى قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ ئايال ئاشكارا پاھىشە (زىنا، ئاغزى يامانلىق، ئېرىگە ھاقارەت، ئىتائەتسىزلىك دېگەندەك قەبىھ سۆز - ھەرىكەت) قىلسا بۇ تەقدىردە ئۇ ئەرنىڭ بۇ ئايالىنى تويلۇقنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئاجرىشىشقا (ئىفتىداغا) مەجبۇر قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. 3) «ئاياللار بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈش» ئىپادىسى ئەرلەرگە قىلىنغان ئىلاھىي ئەمر بولۇپ، ھەر جەھەتتىن ئاياللىرى بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى كۆرسىتىدۇ: بىر - بىرىگە چىرايلىق گەپ ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىش، شۇنداقلا مېھىر - شەپقەت كۆرسىتىشنى، بولۇپمۇ بۇنىڭغا ئەرلەرنىڭ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى «تۇرمۇش كەچۈرۈش، تىرىكچىلىك قىلىش» مەنىسىدىكى پېئىل «ئاشىرۇ - عاشروا» مۇفائەلە بابىدىن بولۇپ، بىر ئىش - ھەرىكەتنى فائىل (ئىگە) بىلەن مەفئۇل (تولدۇرغۇچى)نىڭ ئورتاق قىلغانلىقىغا، لېكىن فائىلنىڭ كۆپرەك قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئەرلەرگە ئاياللىرىنىڭ ياقمايدىغان بىرەر يېرى بولسىمۇ ئۇلار بىلەن مۇشۇنداق ياخشى ئۆتۈش ھەققىدە نەسىھەت قىلىنىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. وَإِنْ أَرَدْتُمُ اسْتِبْدَالَ زَوْجٍ مَكَانَ زَوْجٍ وَآتَيْتُمْ إِحْدَاهُنَّ قِنْطَارًا فَلَا تَأْخُذُوا مِنْهُ شَيْئًا ۚ أَتَأْخُذُونَهُ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
    ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، قويۇۋەتمەكچى بولغان خوتۇنغا (مەھرى قىلىپ) كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى (ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، قويۇۋەتمەكچى بولغان خوتۇنغا ئىلگىرى كۆپ تويلۇق بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۇۋالماڭلار. ئۇنى خوتۇنغا قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق ئۇۋال قىلىپ ئالامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ ئورنىغا باشقا بىر خوتۇن ئالماقچى بولساڭلار ۋە خوتۇنلىرىڭلارنىڭ ئىچىدىن قويۇۋەتمەكچى بولغىنىڭلارغا كۆپ مال بەرگەن بولساڭلار، ئۇ مالدىن ھېچ نەرسە ئېلىۋالماڭلار. ئۇنى بوھتان چاپلاپ ۋە ئوچۇق گۇناھ قىلىپ تۇرۇپ ئېلىۋالامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    (20-21) ئالدىنقى ئايەتتە ئايال بىرەر پاھىشە (زىنا، ئاغزى يامانلىق، ئېرىگە ھاقارەت، ئىتائەتسىزلىك دېگەندەك قەبىھ سۆز - ھەرىكەت) قىلغان تەقدىردە، ئەر ئۇنى ئاجرىشىشقا (ئىفتىداغا) مەجبۇرلاپ، ئۇنىڭغا بەرگەن تويلۇقىدىن بىرەر نەرسە قايتۇرۇۋېلىشىنىڭ دۇرۇسلۇقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا، ئالدى بىلەن نىكاھتىن كېيىن بىر يەردە بولغان ۋە بىرەر پاھىشە قىلمىغان ئايالىنى قويۇۋەتكەن ئەرنىڭ، ئايالىغا قانچىلىك كۆپ تويلۇق بەرسە بەرسۇن ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە قايتۇرۇپ ئالالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئاندىن تويلۇقتىن بىرەر نەرسە ئېلىۋېلىشنىڭ ئايالغا تۆھمەت چاپلىغانلىق، شۇنداقلا ئاشكارا گۇناھ قىلغانلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، ئېلىۋالغانلار قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ. چۈنكى ئالدىنقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئايال بىرەر پاھىشە قىلغان تەقدىردىلا ئەر ئۇنىڭغا بەرگەن تويلۇقتىن بىرەر نەرسە قايتۇرۇۋالالايدۇ. ناۋادا ئەر ئايالىنى ئۆزى خالىغانلىقى ئۈچۈن قويۇۋەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭغا بەرگەن تويلۇقتىن بىرەر نەرسە قايتۇرۇۋالسا، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى پاك ئايالنى پاھىشە قىلىش بىلەن قارىلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئىككىنچى ئايەتتە (21 - ئايەتتە) بۇ ئىشنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى نىكاھتىن كېيىن ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇپ، ئاندىن ئۇنى قويۇۋەتمەكچى بولغان ئەرلەر! ئايالىڭلار بىلەن نىكاھ توختامى تۈزۈشكەندىن كېيىن ئۇلار بىلەن ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولغان تۇرۇقلۇق، بەرگەن تويلۇقۇڭلاردىن بىرەر نەرسىنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. وَكَيْفَ تَأْخُذُونَهُ وَقَدْ أَفْضَىٰ بَعْضُكُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ وَأَخَذْنَ مِنْكُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
    ئۆزئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىسىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزئارا بىر يەردە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئۇ خوتۇن سىلەردىن (نىكاھ ئارقىلىق) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر بىر يەردە بولۇشقان ۋە ئۇلار سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا! — ئەنەس ئالىم

  22. وَلَا تَنْكِحُوا مَا نَكَحَ آبَاؤُكُمْ مِنَ النِّسَاءِ إِلَّا مَا قَدْ سَلَفَ ۚ إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَمَقْتًا وَسَاءَ سَبِيلًا
    ئاتىلىرىڭلار ئالغان ئاياللارنى ئالماڭلار، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالغان بولساڭلار (ئەپۇ قىلىنىدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت! — مۇھەممەد سالىھ

    ئاتىلىرىڭلار ئالغان خوتۇنلارنى ئالماڭلار، لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالغان بولساڭلار ئەپۇ قىلىنىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاتىلىرىڭلار نىكاھىغا ئالغان ئاياللارنى سىلەر نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. ئۆتۈپ كەتكىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئۇ ناھايىتى قەبىھ ئىش، نەپرەتلىنەرلىك قىلمىش ۋە يامان يولدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (22-24) يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە مىراس، نىكاھ ۋە ئائىلىۋى ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئۈچ ئايەتتە ئالدى بىلەن نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار، ئاندىن نىكاھلىنىش ھالال قىلىنغان ئاياللار بىلدۈرۈلىدۇ. 1) نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللار. بۇلار مەڭگۈ ھارام قىلىنغان ئاياللار ۋە ۋاقىتلىق ھارام قىلىنغان ئاياللار دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. نىكاھلىنىش مەڭگۈ ھارام قىلىنغان ئاياللار تۆۋەندىكىچە: (1) قانداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھارام قىلىنغان ئاياللار. بۇلار ئانا، قىز، ھەمشىرە، ئاتا تەرەپ ھامما، ئانا تەرەپ ھامما، ئاكا - ئۇكىنىڭ قىزى ۋە ئاچا - سىڭىلنىڭ قىزى. (2) ئېمىلداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھارام قىلىنغان ئاياللار. بۇلار قانداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھارام قىلىنغان ئاياللار بىلەن ئوخشاشتۇر. مەسىلەن: بىر ئايال ئۆزى تۇغمىغان بىر بالىنى ئېمىتكەن بولسا، بۇ ئانا ئۇ بالىنىڭ ئانىسى ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇ بالىغا مەڭگۈ ھارام بولىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىنىكئانىنىڭ تۇغقان قىزلىرى ۋە ئېمىتكەن قىزلىرى، ھەمشىرىلىرى، ئاتا تەرەپ ھاممىلىرى، ئانا تەرەپ ھاممىلىرى، ئاكا - ئۇكىلىرىنىڭ قىزلىرى ۋە ئاچا - سىڭىللىرنىڭ قىزلىرىمۇ ئۇ بالىغا مەڭگۈ ھارام بولىدۇ. (3) قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھارام قىلىنغان ئاياللار. بۇلار تۆۋەندىكى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ: ئا - ئاتىسى قويۇپ بەرگەن ياكى ئاتىسىدىن تۇل قالغان ئايال. بىر كىشىنىڭ ئاتىسى بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىپ، كېيىن ئۇ ئايالنى (بىر يەردە بولسۇن ياكى بىر يەردە بولمىسۇن پەرقى يوق) قويۇپ بەرگەن بولسا، ئۇ كىشىگە بۇ ئايال (ئۆگەي ئانىسى) مەڭگۈ ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئاتىسى بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن نىكاھ توختامى، ئۇ كىشىنى بۇ ئايالنىڭ ئوغلىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئە - قېينانا. بىر ئەر بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىپ بىر يەردە بولغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ياكى ئۇ ئايال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئەرگە قېينانىسى مەڭگۈ ھارام بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئايالمۇ بۇ تەقدىردە ئۇ ئەرنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىدۇ. لېكىن ئۇ ئەر نىكاھىغا ئالغان ئايالىنى بىر يەردە بولمايلا قويۇۋەتكەن ياكى ئۇ ئايال ئېرى بىلەن بىر يەردە بولمايلا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ ئايالنىڭ ئانىسى بۇ ئەرنىڭ ئانىسىغا ئايلانمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئەرگە ھارام بولمايدۇ. ب - ئۆگەي قىز. ئەگەر بىر ئەر بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىپ بىر يەردە بولغاندىن كېيىن قويۇۋەتكەن ياكى ئايال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئايالنىڭ باشقا ئەردىن بولغان قىزى ئۇنىڭغا ھارام بولىدۇ. ناۋادا ئايالنى نىكاھىغا ئېلىپ بىر يەردە بولمايلا قويۇۋەتكەن ياكى ئايال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ ئايالنىڭ باشقا ئەردىن بولغان قىزى بۇ كىشىگە ھارام بولمايدۇ، چۈنكى بىرىنچى ئېھتىمالدا قىز بۇ ئادەمنىڭ قىزىغا ئايلىنىدۇ، ئىككىنچى ئېھتىمالدا يات پېتى قېلىپ قالىدۇ. پ - كېلىن. كىشىگە ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغلىنىڭ ئېلىپ، قويۇپ بەرگەن ياكى ئوغلىدىن تۇل قالغان ئايالى مەڭگۈ ھارام بولىدۇ. بۇ كېلىننىڭمۇ قېيناتىسىغا ھارام بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن نىكاھ قىلغان بولۇشى كۇپايە قىلىدۇ، نىكاھتىن كېيىن بىر يەردە بولۇپ بولمىغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. نىكاھلىنىش ۋاقىتلىق ھارام قىلىنغان ئاياللارغا كەلسەك، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئايالنىڭ قانداش ۋە ئېمىلداش ئاچا - سىڭىللىرى. يەنى كىشىگە ئايالىنىڭ قانداش ۋە ئېمىلداش ئاچا - سىڭىللىرىنى نىكاھىغا ئېلىش ھارام قىلىنىدۇ، لېكىن قويۇپ بەرگەن ۋە ئىددىتى توشۇپ بولغان ياكى ئۆلۈپ قالغان ئايالىنىڭ قانداش ياكى ئېمىلداش ئاچا - سىڭلىسىنى نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ. (2) ئېرى بار ئاياللار. يەنى بىر ئەرنىڭ نىكاھىدا ياشاۋاتقان ئاياللار باشقا ئەرلەرگە ھارام بولىدۇ، لېكىن ئېرىدىن ئاجرىشىپ ياكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىددىتىنى توشقۇزۇپ بولغان ئاياللار ھارام ئەمەس، ئۇلارنى ئېلىشقا بولىدۇ. چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. يەنى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللارنىڭ كۇفرى دىيارىدا ئەرلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈشى ئەرلىرى بىلەن بولغان نىكاھىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. غازىلارنىڭ مەلۇم شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا ئۇلارنى نىكاھىغا ئېلىشى ھالال بولىدۇ. بۇ شەرتلەر بۇ ئاخىرقى (24 -) ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ۋە 25 - ئايەتتە ۋە ئۇنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنىدۇ. 2) نىكاھلىنىش ھالال قىلىنغان ئاياللار. بۇلار يۇقىرىدا نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئاياللاردىن باشقا ئاياللار بولۇپ، خالىغان ئەر ئۇلاردىن خالىغان بىر ئايالنى مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ. بۇ شەرتلەر تويلۇق بېرىش، ئۆيلىنىش ۋە زىنادىن ساقلىنىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئاخىرقى ئايەتتە (24 - ئايەتتە) بىلدۈرۈلىدۇ. ئەسكەرتىش: بىر قىزنىڭ ئۆگەي ئاتىسىغا ھارام بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئۆگەي ئاتىنىڭ تەربىيەسىدە بولغان بولۇشى شەرت ئەمەس، پەقەت ئانىسى بىلەن بىر يەردە بولغان بولۇشىلا شەرت. مەسىلەن: بىر كىشى بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىپ بىر يەردە بولغاندىن كېيىن قويۇۋەتكەن ياكى ئۇ ئايال ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇ قىز بۇ كىشىگە ھارام بولىدۇ. بۇ قىزنىڭ ئۆگەي ئاتىسىنىڭ تەربىيەسىدە بولۇپ بولمىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. 23 - ئايەتتىكى «ھىمايەڭلەردىكى» دېگەن ئىپادە جەمئىيەتتە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، چۈنكى بىر بالا بىلەن ئېرىدىن ئاجراشقان ئاياللارنىڭ تولىسى بالىسىنى يېڭى تەگكەن ئېرىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە يېنىدا باقىدۇ، ئۇ بالا ئانىسىنىڭ بۇ يېڭى ئېرىنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۇ ئەرنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولىدۇ. ئايەتتە ئەرلەرنىڭ ئۆگەي قىزلىرىنىڭ «ھىمايەڭلەردىكى» دەپ سۈپەتلىنىشى، بالىسى بار خوتۇن ئالغان ئەر كىشىنىڭ ئۆگەي بالىسىنى تەربىيەلىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئاتىلىق مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشىنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَاتُكُمْ وَبَنَاتُكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ وَعَمَّاتُكُمْ وَخَالَاتُكُمْ وَبَنَاتُ الْأَخِ وَبَنَاتُ الْأُخْتِ وَأُمَّهَاتُكُمُ اللَّاتِي أَرْضَعْنَكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ مِنَ الرَّضَاعَةِ وَأُمَّهَاتُ نِسَائِكُمْ وَرَبَائِبُكُمُ اللَّاتِي فِي حُجُورِكُمْ مِنْ نِسَائِكُمُ اللَّاتِي دَخَلْتُمْ بِهِنَّ فَإِنْ لَمْ تَكُونُوا دَخَلْتُمْ بِهِنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ وَحَلَائِلُ أَبْنَائِكُمُ الَّذِينَ مِنْ أَصْلَابِكُمْ وَأَنْ تَجْمَعُوا بَيْنَ الْأُخْتَيْنِ إِلَّا مَا قَدْ سَلَفَ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
    سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيەلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيەلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ئىنىكئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىنئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان خوتۇنلىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى*[1] نىكاھىڭلارغا ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ خوتۇنلىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئاچا-سىڭىلنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن، بۇرۇن شۇنداق قىلغان بولساڭلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە ئانىلىرىڭلار، قىزلىرىڭلار، ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى، ھەمشىرەڭلەرنىڭ قىزلىرى، سىلەرنى ئېمىتكەن ئانىلىرىڭلار، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئانىلىرى ۋە تەربىيەڭلاردىكى ئۆگەي قىزلىرىڭلار ھارام قىلىندى. بۇلار سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ قىزلىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولمىغان بولساڭلار ئۇ قىزلارنى ئېلىشتا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر[7]. شۇنىڭدەك، سىلەرگە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئىككى قىز قېرىنداشنى بىرلىكتە نىكاھىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى، ئۆتۈپ كەتكىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  24. وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ النِّسَاءِ إِلَّا مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۖ كِتَابَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ وَأُحِلَّ لَكُمْ مَا وَرَاءَ ذَٰلِكُمْ أَنْ تَبْتَغُوا بِأَمْوَالِكُمْ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ ۚ فَمَا اسْتَمْتَعْتُمْ بِهِ مِنْهُنَّ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا تَرَاضَيْتُمْ بِهِ مِنْ بَعْدِ الْفَرِيضَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
    ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلار ئاستىدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكۈملىرىدۇر، بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسىكى ئاياللارنى (نىكاھلاپ ئېلىپ) پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا (يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن) سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئېرى بار ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلارغا ئۆتكەن ئولجا ئاياللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكمىدۇر، بۇلاردىن باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك ھالىتىڭلاردا، مال-مۈلكۈڭلاردىن تويلۇق بېرىپ نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسى ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىپ پايدىلانساڭلار، ئۇنىڭغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، مەھرى توغرىسىدا ئۆزئارا پۈتۈشكەن بولساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە ئېرى بار ئاياللارمۇ ھارام قىلىندى. قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا[8]. بۇ ئاللاھ سىلەرگە يازغان ھۆكۈملەردۇر. سىلەرگە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن باشقا ئاياللارنى ماللىرىڭلارنى بېرىپ تەلەپ قىلىشىڭلار، ئۆيلىنىش ۋە زىنادىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن ھالال قىلىندى[9]. ئۇلاردىن قايسىنى نىكاھىڭلارغا ئېلىپ بىر يەردە بولساڭلار، ئۇلارغا بېكىتىلگەن تويلۇقلىرىنى بېرىڭلار[10]. ئىلگىرى بېكىتىلىپ بولغان تويلۇقنى ئاياللىرىڭلار بىلەن ئۆزئارا رازىلىشىپ قايتا بېكىتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    «سىلەرگە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن باشقا ئاياللارنى ماللىرىڭلارنى بېرىپ تەلەپ قىلىشىڭلار، ئۆيلىنىش ۋە زىنادىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن ھالال قىلىندى» - نىكاھتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىپپەتلىك بولۇش شەرتى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ بۇ ئىپادىسىدە بولسا، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن باشقا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ھالال قىلىنغانلىقى (بۇنىڭ مەزمۇنىدىن ئاياللار ئۈچۈنمۇ نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئەرلەر بىلىنىدۇ) ۋە بۇ ھالاللىقنىڭ ئىككى شەرتى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە: 1) ئۆيلىنىش. بۇ شەرتنى «مۇھسىنىينە ﴿مُّحۡصِنِينَ﴾» كەلىمىسى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمە قەلئە، قورغان، سېپىل ، ئىستىھكام مەنىلىرىدە كېلىدىغان «ھىسن - حصن» كەلىمىسى بىلەن بىر سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئۆتۈملۈك ئېنىق سۈپەتداشنىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. جۈملىدىكى رولى «ھالەت رەۋىشى» بولۇپ، ھالال قىلىنغان ئاياللاردىن بىرىنى تەلەپ قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ، ئۇ ئايالنى ئەل - جامائەتنىڭ ھۇزۇرىدا توي قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نىكاھ قورغىنىغا ئېلىشىنىڭ شەرتلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ ئايال مەنىۋى قورغاننىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن توي قىلىش تەكلىپى قويالمايدۇ. بۇ شەرت مەخپىي نىكاھنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 2) زىنادىن ساقلىنىش. بۇ شەرتنى «غەيرە مۇسافىھىنە ﴿غَيۡرَ مُسَٰفِحِينَ﴾» بىرىكمىسى قوشىدۇ. بۇ ئىزافەتلىك بىرىكمىنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى بولغان «مۇسافىھىينە» تۆكمەك، ئېقىتماق دېگەن مەنىدىكى «سەفھ - سفح» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئېنىق سۈپەتداشنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، ئېنىقلانغۇچىسى (غير) بىلەن بولۇشسىزغا ئايلىنىدۇ ۋە بۇنىڭمۇ جۈملىدىكى ئورنى «ھالەت رەۋىشى» بولغانلىقى ئۈچۈن نىكاھتىن كېيىنكى ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتتىن ئۆي تۇتۇش ۋە بالا - چاقىلىق بولۇشنىڭ مەقسەت قىلىنىشىنى شەرت قوشىدۇ، شۇنداقلا ۋاقىتلىق نىكاھنىڭ كۈچگە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. زىنادا بۇنداق مەقسەتلەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئىپادە «زىنادىن ساقلىنىش» دەپ تەرجىمە قىلىندى. بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: نىكاھتىن كېيىنكى ئەر - خوتۇنلۇق ھايات زىنادىكى قىسقا مۇددەتلىك مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ قالمىسۇن، نىكاھلانغانلار بىر - بىرىنىڭ دوستى، ئاشنىسى، ۋاقىتلىق مەنپەئەت شېرىكى ئەمەس، ئەكسىچە ئۆمۈرلۈك جۈپتى ۋە تۇرمۇش يولدىشى بولسۇن، ھەر بىرى يېڭى قۇرغان ئائىلىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە بولغۇسى پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسى ياكى ئاتىسى بولسۇن. «ئۇلاردىن قايسىنى نىكاھىڭلارغا ئېلىپ بىر يەردە بولساڭلار، ئۇلارغا بېكىتىلگەن تويلۇقلىرىنى بېرىڭلار» - ئايەتنىڭ بۇ ئىپادىسى ۋە يۇقىرىدىكى (20 - ۋە 21 -) ئىككى ئايەت، ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇش بىلەن ئەرنىڭ زىممىسىگە، بەلگىلەنگەن تويلۇقنىڭ ھەممىسىنى ئايالىغا بېرىش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەگەر ئەر ئايالىنى بىر يەردە بولماي ۋە تويلۇق بېكىتمەي تۇرۇپ قويۇۋەتكەن بولسا، ئۇنداق كىشىنىڭ ئۇ ئايالغا مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بىر نەرسە بېرىشىنىڭ لازىملىقى، بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە تويلۇق بېكىتكەندىن كېيىن قويۇۋەتسە بېكىتىلگەن تويلۇقنىڭ يېرىمىنى بېرىشىنىڭ لازىملىقى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَمَنْ لَمْ يَسْتَطِعْ مِنْكُمْ طَوْلًا أَنْ يَنْكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ فَمِنْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ مِنْ فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ ۚ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِكُمْ ۚ بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ ۚ فَانْكِحُوهُنَّ بِإِذْنِ أَهْلِهِنَّ وَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ مُحْصَنَاتٍ غَيْرَ مُسَافِحَاتٍ وَلَا مُتَّخِذَاتِ أَخْدَانٍ ۚ فَإِذَا أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَاحِشَةٍ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى الْمُحْصَنَاتِ مِنَ الْعَذَابِ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِيَ الْعَنَتَ مِنْكُمْ ۚ وَأَنْ تَصْبِرُوا خَيْرٌ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    سىلەردىن مۆمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئېلىۋېرىڭلار، ئىچكى ئەھۋالىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار). سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ خوجىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار. لېكىن ئۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان ئىپپەتلىك بولۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ (يەنى چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئېلىش)، ئاراڭلاردا زىناغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەردىن ھۆر مۆمىن ئاياللارنى ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار مۇسۇلمانلارنىڭ قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. سىلەر بىر ـ بېرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ خوجىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار. لېكىن، ئۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان، ئىپپەتلىك بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشىلىك قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئاراڭلاردىكى زىنا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغاندۇر. (دېدەكنى ئالماي) سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمىگەن كىشى، قول ئاستىڭلاردىكى مۇئمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. سىلەر بىر - بىرىڭلاردىنسىلەر. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىڭلار. ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار[11]. ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى، زىنادىن ساقلىنىشى ۋە مەخپىي دوست تۇتماسلىقى لازىم. ئۇلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابنىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك[12]. بۇ سىلەردىن قىيىنچىلىق تارتىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[13]. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەر بەدەلسىز ياكى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ باشلىقلىرى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىشنى قارارلاشتۇرغان تەقدىردە، فىديەلىرىنى دەرھال تۆلىيەلمىگەن ئەسىرلەر مۇجاھىدلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ ئەسىرلەر فىديەلىرىنى تۆلىگەنگە قەدەر ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان مۇجاھىدلارنىڭ ئۆيىدە قالىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى مەزكۇر مۇجاھىدلار قامدايدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىدۇ، شۇنداقلا ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇلار خۇددى ئۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەسىر ئاياللار ئۆزلىرى خالىسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى ئائىلىسىنىڭ يەنى ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان مۇجاھىدنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياتلىق بولىدۇ. تويلۇقلىرىنى ئۆزلىرى ئالىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەرلىرىگە «ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار» دەپ ئۇلارغا ئۆز تويلۇقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىشىغا رۇخسەت بېرىلىشى، ئۇلارنىڭ فىديەلىرىنى تۆلەپ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر. «مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمىگەن كىشى»، ئەنە شۇ چۆرىلەردىن مۇۋاپىق كۆرگىنىنى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا نىكاھىغا ئالسا بولىدۇ. چۆرىلەر بىلەن ئۆيلىنىش رۇخسىتى بويتاق ئولتۇرۇپ يامان يوللارغا مېڭىپ قېلىشتىن قورققانلار ئۈچۈندۇر، لېكىن بۇ رۇخسەتتىن پايدىلانماي، يەنى چۆرىلەر بىلەن ئۆيلەنمەي سەۋر قىلىش ياخشىدۇر. بۇ ئايەتتىكى «ئازاب» ئېنىق ئىسىم (مەئرىفە) بولۇپ، 24 - سۈرە (نۇر)نىڭ 2 - ئايىتىدە بايان قىلىنغان «ئازاب»نى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. يُرِيدُ اللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    ئاللاھ سىلەرگە (ھالال ۋە ھارامغا دائىر ئەھكاملارنى) بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى، (گۇناھىڭلاردىن قىلغان) تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى (يەنى بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە ئەھكاملارنى ئوچۇق بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى، تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (26-28) ئاللاھ تائالا، ئالدىنقى ئايەتلەردە بەزى ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ھارام، بەزى ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى ۋە ھۆر ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشكە قۇربى يەتمىگەنلەرگە چۆرىلەر بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ مۇباھلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ (26 ~ 28 -) ئايەتلەردە ئۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈملەرنى بەلگىلەشتىكى ھېكمىتى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: 1) ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ھۆكۈملەرنى بەلگىلەش ئارقىلىق، سىلەر ئۈچۈن پايدا ۋە زىياننى ئايرىپ بېرىشنى، سىلەرنى ئىلگىرىكى ياخشىلارنىڭ يولىغا باشلاشنى، سىلەرنىڭ تەۋبە قىلىشىڭلارنى (جاھىلىيەت ئازغۇنلۇقىدىن يېنىپ ئىسلامنىڭ ھىدايىتىگە كېلىشىڭلارنى) ۋە بۇ تەۋبەڭلارنى ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئىرادە قىلىدۇ. 2) ئاللاھ ئەنە شۇنداق ھالال ۋە ھارامنى ئېنىق بەلگىلەش ئارقىلىق سىلەرنىڭ جاھىلىيەتنىڭ رەزىللىك ۋە بۇزۇقلۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئىسلامىي ئادالەت ۋە ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان ھاياتقا ئېرىشىشڭلارنى ئىرادە قىلىدۇ. فىترىتىنى بۇزغان شەھۋەتپەرەسلەر سىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىشىڭلارنى ۋە ھايۋانىي شەھۋەتكە چۆمۈشۈڭلارنى، شۇنداقلا ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق ئالاھىدىلىكىڭلارنىڭ قالماسلىقىنى ئىرادە قىلىدۇ. 3) ئاللاھ ھۆر ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشقا قۇربى يەتمىگەن ۋە سەۋر قىلالمىغان ئەرلەرگە چۆرىلەر بىلەن نىكاھلىنىشنى مۇباھ قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئاسانچىلىق ئاتا قىلىشنى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىزدۇر، ئاللاھ مەرھەمەتلىك ۋە شەپقەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَاللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَيُرِيدُ الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الشَّهَوَاتِ أَنْ تَمِيلُوا مَيْلًا عَظِيمًا
    ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ (بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغانلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگىشىدىغانلار سىلەرنىڭ توغرا يولدىن تولۇق چىقىپ كېتىشىڭلارنى خالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكۈچىلەر سىلەرنىڭ تامامەن يولدىن چىقىشىڭلارنى خالايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  28. يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُخَفِّفَ عَنْكُمْ ۚ وَخُلِقَ الْإِنْسَانُ ضَعِيفًا
    ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىنى تىزگىنلەشتىن) ئاجىز يارىتىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. (چۈنكى) ئىنسان ئاجىز يارىتىلغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يىنىكلىتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى. — ئەنەس ئالىم

  29. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً عَنْ تَرَاضٍ مِنْكُمْ ۚ وَلَا تَقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا
    ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھارام يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈۋالماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى بىر - بىرىنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋېلىشتىن ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن توسىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بۇ «ناھەق يول»لارنى بايان قىلىدۇ. ئۇ يوللار - ئوغرىلاش، بۇلاش، ئالداش، قىمار، جازانىخورلۇق، پارىخورلۇق، دىنىي تۇيغۇنى سۇيىئىستېمال قىلىش، ئاللاھنىڭ كىتابىنى يوشۇرۇش، جىڭ - تارازا ۋە ئۆلچەمدە كەم بېرىش قاتارلىق يامان يوللاردىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بىراۋنىڭ مېلىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا رازىلىشىپ قىلىشقان تىجارەت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ. «تىجارەت» - مال ياكى ئىش (خىزمەت) ئېلىم - سېتىمىدۇر. شەرىئەتتە مال ھېسابلىنىدىغان بىرەر نەرسىنى ئېلىپ - سېتىش، بىرەر ئىشقا مەبلەغ سېلىپ سەرمايىنى ئايلاندۇرۇش، ياكى ئۆزىنىڭ كۈچ، قابىلىيەت ۋە ماھارىتىنى سېتىش (ئۆز ئىقتىدارىغا قارىتا بىرەر ئىشتا ئىشلەش) قاتارلىق يوللار بىلەن بىراۋنىڭ مېلىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇ مالنى تىجارەت بىلەن قولغا كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىش شەرتى بىلەن مال قولغا كەلتۈرگەن تەرەپكە، پۇل ساتقان تەرەپكە ھالال بولىدۇ. «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش» - ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش، ئۆزىنى ھالاكەتكە يەتكۈزىدىغان خەتەرگە ئېتىش قاتارلىق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ عُدْوَانًا وَظُلْمًا فَسَوْفَ نُصْلِيهِ نَارًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
    كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە ھەقتىن چەتلەپ، چەكلەنگەن بۇ ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇنى ئۇزاققا قالماي دوزاخقا كىرگۈزىمىز، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ھەددىدىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇ كىشىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە يۇقىرىدىكى چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغان كىشىگە بېرىلىدىغان ئىلاھىي جازانى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُمْ مُدْخَلًا كَرِيمًا
    ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سىلەر چەكلەنگەن گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانساڭلار، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جايغا كىرگۈزىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئىنساننى سىناش ئۈچۈن يارىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى - يامان ئىككى يولنى قويغان ۋە ھەر ئىككىسىنى تونۇتقان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قايسى يولغا كىرىش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ئاندىن ئۇنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇغان، يامان ئىشلاردىن توسقان. ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىشتىن توسۇشى ئۇنى ھارام قىلىش، ئۇنىڭدىن چەكلەش، ئۇنىڭغا جازا بەلگىلەش، قىلغۇچىغا لەنەت ياكى غەزەپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىرەر ئىشتىن بۇ ئۇسۇللارنىڭ بىرى بىلەن توسقان بولسا، ئۇ ئىش چوڭ گۇناھ، ئۇ ئىشقا ئېلىپ بارىدىغان يول، يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەب ۋە يەتكۈزىدىغان ۋاسىتىلار كىچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ تائالا بۇ كىچىك گۇناھلاردىنمۇ مەنئى قىلىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا زىنادىن مەنئى قىلىش بىلەن بىرگە ئەر - ئاياللارنى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئاياللارنى باشقىلارغا مەخپىي زىننەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ مېڭىشتن ۋە ئۇ قەبىھ ئىشقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەتتىن مەنئى قىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ چوڭ گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان يوللاردىنمۇ مەنئى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا چوڭ - كىچىك بارلىق گۇناھلاردىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىپ چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنالىغان، لېكىن كىچىك گۇناھلاردىن ساقلىنالمىغانلارغا ئۇ كىچىك گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ئۇلارغا ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى «ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. وَلَا تَتَمَنَّوْا مَا فَضَّلَ اللَّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبُوا ۖ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبْنَ ۚ وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ بىرىڭلارنى بىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلىپ بەرگەن ئالاھىدىلىكلەرنى تەمە قىلماڭلار. ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ مەرھەمىتىنى تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن پەرقلەندۈرۈشكە ۋاسىتە قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار[14]. ئەرلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار، ئاياللارغىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھتىن ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە بىراۋنىڭ مېلىنى ناھەق يەۋېلىشتىن ۋە ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن توسىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، بىراۋنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئارزۇ قىلىشتىن، باشقىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە چىدىماسلىق قىلىشتىن ۋە پەزىلىتىنى كۆرەلمەسلىكتىن توسىدۇ، چۈنكى بىراۋغا ھەر تۈرلۈك زىيانكەشلىكنىڭ سەۋەبى ھەسەتخورلۇق، چىدىماسلىق ۋە كۆرەلمەسلىكتۇر. بۇ ناچار تۇيغۇلار بىراۋنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئارزۇ قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ تۇيغۇ ئەسلىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەقسىماتىغا رازى بولمىغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ ھالىغا ۋە ئىمكانىغا شۈكۈر قىلىپ قولىدىن كېلىشىچە ۋە ئىمكانىيىتى يېتىشىچە ياخشى ئىش قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەرلەرمۇ ئۆز قىلمىشىدىن نېسىۋە ئالىدۇ، ئاياللارمۇ ئۆز قىلمىشىدىن نېسىۋە ئالىدۇ. شۇنىڭدەك، باشقىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئارزۇ قىلىپ، شېرىن خىياللارغا چۆمۈپ ۋە قۇرۇق ئارزۇلارغا بېرىلىپ ئولتۇرماي، ئاللاھ كۆرسەتكەن سەۋەبلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئاللاھتىن تىلەش لازىم، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! ئاللاھ بەزىڭلارغا ئىلىم - مەرىپەت، ئىززەت - ئېتىبار، مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقا قاتارلىق نېمەتلەرنى بەرگەن بولسا، بۇ نېمەتلەر بېرىلمىگەن كىشىلەر بېرىلگەن كىشىلەرگە ھەسەت قىلمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى مەزكۇر ئىلاھىي نېمەتلەرگە كۆز تىكمىسۇن، ئۇلارنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلمىسۇن. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى ئەر، بەزىڭلارنى ئايال قىلىپ ياراتقان ۋە ھەر بىرىڭلارغا ئايرىم ئالاھىدىلىكلەر ئاتا قىلغان. ئەر ئايالنىڭ، ئايال ئەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئارزۇ قىلمىسۇن. ھەر جىنس ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قانائەت قىلسۇن، باشقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھەۋەسلەنمىسۇن. ھەر كىشى ئۆز ھالىغا يارىشا ۋە ئۆز ئىمكانىغا قارىتا ئەمەل قىلسۇن، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتسۇن. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەرلەرمۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ مۇكاپاتىنى ئالىدۇ، ئاياللارمۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا نەسەب، جىنسىيەت ياكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋال ئەمەس، پاك ئىمان، سالىھ ئەمەل ۋە تەقۋالىق ئاساس قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. وَلِكُلٍّ جَعَلْنَا مَوَالِيَ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ ۚ وَالَّذِينَ عَقَدَتْ أَيْمَانُكُمْ فَآتُوهُمْ نَصِيبَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدًا
    ھەر بىر ئادەمنىڭ قالدۇرغان تەرەكىسى ئۈچۈن ۋارىسلار تەيىنلىدۇق، ئۇلار ئاتا ـ ئانىلار ۋە يېقىنلاردۇر. سىلەر بىلەن (ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە مىراسخور بولۇشقا) ئەھدۇپەيمان قىلىشقان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (مىراستىن) ھەسسىسىنى بېرىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بايقاپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاتا-ئانىلار، تۇغقانلار ۋە سىلەر (ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ۋارىس بولۇشقا) قەسەم ئىچىشكەنلەر*[1] قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر بىر مىراسقا ۋارىسلارنى تەيىنلىدۇق. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەسسىسىنى بېرىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ھەربىرىگە ۋارىسلار بەلگىلىدۇق. ئۇلار ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن ئۈلۈش ئالىدۇ[15]. سىلەر قەسەم ئىچىشىپ مۇناسىۋەت ئورناتقان كىشىلەرگە نېسىۋىسىنى بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[16]. — ئەنەس ئالىم

    بىر كىشىنىڭ باشقا بىر كىشىنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئېلىشى ئۈچۈن ئۇ كىشى بىلەن ئارىسىدا ئاتا - بالىلىق ياكى ئانا - بالىلىق ياكى تۇغقانچىلىق ۋە ياكى ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بولۇشى لازىم. بۇ ئايەت بۇ سۈرىنىڭ 7 - ئايىتىگە ئوخشاش، مېيىت بىلەن ئارىسىدا مەزكۇر مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بولغان، شۇنداقلا مىراستىن ئۈلۈش ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ۋارىسلارنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ئۈلۈشلىرى بۇ سۈرىنىڭ 11 - ۋە 12 - ئايەتلىرىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «قەسەم ئىچىشىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان كىشىلەر»نىڭ كىملىكى توغرىسىدا تەپسىرلەردە بىرقانچە كۆزقاراش زىكىر قىلىنغان بولسىمۇ ئۇلار مۇنۇ ئۈچ تۈردە خۇلاسىلىنىدۇ: 1) قايسىسى بۇرۇن ئۆلسە ھاياتتا قالغىنى ئۇنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئېلىش توغرىسىدا ئۆزئارا قەسەم ئىچىشكەنلەر. 2) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە يېڭى كەلگەن كۈنلەردە بىر - بىرى بىلەن قېرىنداش قىلىپ قويغان مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار. بۇ ئىككى ئېھتىمالدا ئايەتنىڭ بۇ قىسمى مىراس تەقسىماتى ۋە ۋارىسلارنىڭ كىملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن مەنسۇخ ھېسابلىنىدۇ. 3) بىر - بىرى بىلەن ئوتتۇرىسىدا نىكاھ توختامى تۈزۈش ئارقىلىق ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەر - ئاياللار. بۇ تەقدىردە ئايەتنىڭ بۇ قىسمى، مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ئەر - خوتۇن بىر - بىرىگە ۋارىس بولۇش ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىنى تەكىتلەيدۇ. بىزنىڭچە بۇ ئۈچىنچى كۆزقاراش تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر، چۈنكى مەنسۇخ بولسا بىر ئايەت پۈتۈن ھالدا مەنسۇخ بولىدۇ، يېرىم ئايەت مەنسۇخ بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنْفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ ۚ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللَّهُ ۚ وَاللَّاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ ۖ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيرًا
    ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ ـ قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)(ئىزاھات: بۇ ئىسلامنىڭ دەسلىۋېدىكى ھۆكۈم بولۇپ، كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەرلەر ئاياللارنى باشقۇرغۇچىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئارتۇقچىلىققا ئىگە قىلغانلىقىدىن ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى ئۇلارغا سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر. ياخشى ئاياللار ئىتائەتمەن، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردىمۇ ئاللاھنىڭ تەلىپى بويىچە ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلايدىغان ئاياللاردۇر. سىلەر ئۆزۈڭلارغا بوي ئەگمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەرلەر ئاياللىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقى[17] ۋە ئەرلەرنىڭ ماللىرىدىن چىقىم قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر[18]. ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر ۋە ئاللاھ ساقلىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر[19]. سىلەر نۇشۇزىدىن[20] قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇلارنى تۆشەكلەردە يالغۇز قويۇڭلار، ئۇلارنى ئۇرۇڭلار[21]. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا يول ئىزدىمەڭلار[22]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر. — ئەنەس ئالىم

    «ئەرلەر ئاياللىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ساقلىغۇچىلاردۇر» - ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەرلەرنى بەدەن جەھەتتە كۈچلۈك، ئەقىل - پاراسىتى بىلەن ئىش قىلىشقا مايىل قىلىپ ياراتقان. ئاياللارنى بولسا بەدەن جەھەتتە نازۇك، مېھىر - شەپقىتى بىلەن ئىش قىلىشقا مايىل قىلىپ ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرگە ئائىلىسىنى بېقىش ۋە قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن. ئاياللارغا ئائىلىسىنىڭ ئىچ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەلىم - تەربىيەسىنى ئورۇنداش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن. ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى ھەقلىرى بىلەن ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى ھەقلىرى ئوخشاش. لېكىن ئەرلەر بىر دەرىجە ئارتۇق بولۇپ، ئۇ دەرىجە ئەنە شۇ باشقۇرۇش ھوقۇقىدۇر. «ئاللاھ ساقلىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلىغۇچى ئاياللاردۇر» - جاھىلىيەت دەۋرىدە ئاياللار مىراستىن مەھرۇم قىلىناتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مىراستىن ئۈلۈش ئېلىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇلارغا قىلىنغان زىنا تۆھمىتىنىڭ تۆت گۇۋاھچى بىلەن ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر تۆھمەت قىلغۇچى دەۋاسىنى تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئىسپاتلىيالمىسا، ئۇنىڭ يالغانچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 80 دەررە ئۇرۇلۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن. تېخى كىچىك چېغىدىلا تىرىك كۆمۈۋېتىلىدىغان قىزلارنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ ياخشىلىق قىلىنىشى پەرز بولغان ئانا، ئىلاھىي نېمەت دەپ بىلىش ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك بولغان رەپىقە، ئىلاھىي ھەدىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى، شۇنداقلا مېھىر - شەپقەت بىلەن ھىمايە قىلىنىشى، زىبۇزىننەت ئىچىدە ئەتىۋارلىنىپ بېقىلىشى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلىنىشى پەرز بولغان قىز پەرزەنت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ياخشى ئاياللار ئاللاھ تائالانىڭ ئەنە شۇ ئىنايەت ۋە ئىلتىپاتى سەۋەبىدىن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلايدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ ۋە ئەرلىرىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزمەيدۇ، يەنى ياخشى ئاياللار: «ئاللاھ ماڭا نۇرغۇنلىغان ھەق - ھوقۇقلارنى بېرىپ مېنى قوغداپتۇ، مەن ئۆزۈمنى قوغداي» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ زىنا تۆھمىتىنى «تۆت گۇۋاھچى بىلەن ئىسپاتلاش» ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى ھەرگىزمۇ سۇيىئىستېمال قىلمايدۇ. «ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىدىن» - بۇ مەنە بېرىلگەن سۆز «نۇشۇز - نشوز» بولۇپ، ئۇ سۆز لۇغەتتە كۆپمەك، ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك، تومپايماق، ئېگىز يەردە تۇرۇپ قارىماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. تەپسىرلەردە بۇ سۆز ئۆزىنىڭ لۇغەت مەنىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزاھلىنىدۇ. بۇ سۆز (نۇشۇز) بۇ ئايەتتە ئاياللار ئۈچۈن، بۇ سۈرىنىڭ 128 - ئايىتىدە ئەرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مەنىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1) ئاياللارنىڭ نۇشۇزى - ئۆزىنى ئېرىدىن ئۈستۈن كۆرۈشى ۋە ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىشى، ئېرىنى يامان كۆرۈشى ۋە باشقا ئەرلەرگە كۆز سېلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى، شۇنداقلا ئېرىگە ئىتائەت قىلماسلىقى قاتارلىقلاردۇر. 2) ئەرلەرنىڭ نۇشۇزى - ئۆزىنى ئايالىدىن ئۈستۈن كۆرۈشى ۋە ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىشى، ئايالىنى يامان كۆرۈشى ۋە باشقا ئاياللارغا كۆز سېلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئايالىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئايەتتە ئاياللىرىنىڭ نۇشۇزىدىن قورققان ئەرلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى، 128 - ئايەتتە بولسا ئەرلىرىنىڭ نۇشۇزىدىن قورققان ئاياللارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى بايان قىلىنىدۇ. «ئۇلارنى ئۇرۇڭلار» - بۇ، ئۆزىنى ئېرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان ئاياللارغا ئەرلىرى قىلىدىغان ئاخىرقى چارە بولۇپ، ئۇلارنى ئەدەپلەش ۋە تەربىيەلەش يۈزىسىدىن بوشراق ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ چارىنى قىلغان چاغدا ئايال كىشىنىڭ بىرەر ئەزاسى كاردىن چىققۇدەك ئۇرۇشقا، يۈزىگە ئۇرۇشقا ۋە بىرەر يېرىدىن قان ئاققۇدەك ئۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ئاياللار ئۆزلۈكىدىن تۈزىلىپ كەتسە، مەزكۇر ئۈچ چارىنىڭ ھېچبىرى، بىرىنچىسى بىلەن تۈزەلسە كېيىنكى ئىككىسى، ئاۋۋالقى ئىككىسى بىلەن تۈزەلسە ئۈچىنچىسى ئىجرا قىلىنمايدۇ. ئەكسى تەقدىردە ئەر ئايالغا زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئايالىغا زۇلۇم قىلغان ئەرلەر ئاللاھتىن قورقسۇن، چۈنكى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر، زالىم ئەرلەرنى جازالاشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَابْعَثُوا حَكَمًا مِنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِنْ أَهْلِهَا إِنْ يُرِيدَا إِصْلَاحًا يُوَفِّقِ اللَّهُ بَيْنَهُمَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًا
    ئەگەر ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئەگەر بۇ ئىككى كىشى بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئاللاھ ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار؛ ئەگەر بۇ ئىككى كىشى ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشنى خالىسا، ئاللاھ ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سىلەر ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايرىلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى، خوتۇننىڭ ئائىلىسىدىن بىر ئادىل كىشى ئەۋەتىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئىسلاھ قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۆزىنى ئېرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلماسلىق ئالامەتلىرى بايقالغان ئاياللارغا ئالدىنقى ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن چارىلەر قوللىنىلىدۇ. ناۋادا ئۇ چارىلەر قوللىنىلغاندىن كېيىنمۇ ئەر - خوتۇنلۇق ھايات ئەسلىگە كەلمىسە، يەنى ئىككىسىنىڭ ئارىسى بۇرۇنقىدەك ئىناق ھالەتكە كەلمىسە، بۇ تەقدىردە ئەر ياكى ئايال ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا (قازىخانا، سوت مەھكىمىسى، ئائىلە ئىشلىرى ئىدارىسى دېگەندەك جايلارغا) بىلدۈرۈپ شىكايەت قىلىدۇ. بۇ تەقدىردە بۇ ئورگان ئەرنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، ئايالنىڭ ئائىلىسىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشى ئۈچۈن ۋەزىپىلەندۈرىدۇ. بۇ ئىككى كىشى خالىس يول مېڭىپ ئىككىسىنى ئەپلەشتۈرىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئىككىسىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئىناق ئەر - خوتۇن بولالمايدىغانلىقىغا قانائەت قىلسا ئەرنى، ئايالىنى چىرايلىقچە قويۇپ بېرىشكە ئۈندەيدۇ. ئەر قوبۇل قىلمىسا ئەھۋالنى مەزكۇر ئورگانغا مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورگان ئايالغا (ئەر بىلەن كېلىشىشىگە ئاساسەن) تويلۇقنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۆزىنى نىكاھتىن قۇتقۇزۇشىغا (ئىفتىداغا) رۇخسەت بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا
    ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداش قاتارلىقلارغا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، يولۇچىلارغا ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش» - ئاللاھقا تەزىم، ئېھتىرام ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىش دېگەن بولۇپ، بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى بۇ ئىتائەتكە بۇيرۇش ۋە بۇ ئىتائەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش تەۋھىدتىن قالسا ئىنساننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىدۇر. تۇغقانلارغا، يېقىن - يىراق قوشنىلارغا، خىزمەتداش، سەپەرداش، يولداش ۋە ساۋاقداش قاتارلىق ھەمراھلارغا، يولۇچىلارغا ۋە قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، تەۋھىدتىن ۋە ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتىن كېيىنلا كېلىدىغان مۇھىم ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلىق ئەنە شۇ بۇيرۇقلارغا بويسۇنۇش ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشتۇر. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە بۇ بۇيرۇق ۋە تەۋسىيەلەر بىر يەردە زىكىر قىلىنىدۇ. جۈملىدىن بۇ سۈرىنىڭ بېشى «ئى ئىنسانلار! يأيها الناس» دەپ باشلىنىپ، بارلىق ئىنسانلار ئالدى بىلەن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا (ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا) ۋە تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئاندىن يېتىملەرنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش ۋە مىراس تەقسىماتىنى توغرا شەكىلدە ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى ئىلاھىي كۆرسەتمىلەر، ئاندىن كېيىن مەزكۇر ئىلاھىي ئەمر - پەرمانلارغا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئىتائەت قىلمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى، ئاندىن گۇناھكارلارنىڭ تەۋبە قىلىشى لازىملىقى ۋە تەۋبىنىڭ شەرتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر بىلدۈرۈلىدۇ. ئاندىن كېيىن «ئى مۇئمىنلار - يَاأَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا» دېگەن خىتاب بىلەن باشلانغان 19 - ئايەتتىن بۇ (36 -) ئايەتكىچە ئائىلىۋى ۋە ئىقتىسادىي ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ھۆكۈملەر بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرىدىكى ھۆكۈم، بەلگىلىمە ۋە تەۋسىيەلەر خۇلاسىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىڭلار، ئاتا - ئاناڭلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئەتراپىڭلاردىكى يېقىن - يورۇق، قولۇم - قوشنا ۋە موھتاجلارنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىڭلار. ئەكسى تەقدىردە ھاكاۋۇر ۋە مەنمەنچى ھېسابلىنىسىلەر. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ ئۇنداق كىشىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ وَيَكْتُمُونَ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
    ئۇلار (يەنى مۇتەكەببىرلەر ، ماختانچاقلار) بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىدۇ، (ئاللاھنىڭ نېمىتىنى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا خورلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداقلار بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىدۇ، بىز بۇنداق كافىرلارغا خارلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان، ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ۋە ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىنى يوشۇرىدىغان كىشىلەردۇر. بىز ئۇ كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (37-39) ئالدىنقى ئايەت «ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن مەنىدىكى جۈملە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ئالدى بىلەن ئۇ ھاكاۋۇر ۋە مەنمەنچىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىش بىلەن ئۇلارنى تونۇتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى خالىس ئىمانغا ۋە سالىھ ئەمەلگە تەرغىب قىلىدۇ، شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئايەتلەردىكى سۈپەتلىرى بېخىللىق قىلىش، بېخىللىقنى تەشەببۇس قىلىش، ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى يوشۇرۇش، رىياكارلىق ۋە شەيتاننىڭ دوستى بولۇش قاتارلىق ئىللەتلەردىن ئىبارەت. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. وَالَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَلَا بِالْيَوْمِ الْآخِرِ ۗ وَمَنْ يَكُنِ الشَّيْطَانُ لَهُ قَرِينًا فَسَاءَ قَرِينًا
    ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىدىكەن (ئۇ شەيتاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدۇ)، شەيتان نېمىدېگەن يامان ھەمراھ! — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىدىكەن، شەيتان نېمىدېگەن يامان ھەمراھ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار يەنە ماللىرىنى ئىنسانلارغا رىيا قىلىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. شەيتان كىمنىڭ يېقىنى ھەمراھ بولسا، ئۇ نېمىدېگەن يامان يېقىندۇر! — ئەنەس ئالىم

  39. وَمَاذَا عَلَيْهِمْ لَوْ آمَنُوا بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَنْفَقُوا مِمَّا رَزَقَهُمُ اللَّهُ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِهِمْ عَلِيمًا
    ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن مالدىن سەرپ قىلسا، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ (قىلمىشىغا قاراپ جازالايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە ۋە ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن پۇل-مالنىڭ بىر قىسمىنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلەتسە، ئۇلارغا نېمە زىيىنى بولاتتى؟ ئاللاھ ئۇلارنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلسا، ئۇلارغا بۇنىڭ نېمە زىيىنى بولار ئىدى؟ ئاللاھ ئۇلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  40. إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ ۖ وَإِنْ تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَا وَيُؤْتِ مِنْ لَدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًا
    ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە ئۇۋال قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر قىلىنغان ئىش بىرەر ياخشىلىق بولسا، ئاللاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە  ئۆز تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (40-42) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە ئىبادەتكە ۋە ئاتا - ئانىدىن باشلاپ يېقىنلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بېخىللىق، ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك ۋە تۇزكورلۇقنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئايەتلەردە ئالدى بىلەن ياخشىلىققا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپات، يامانلىققا ئۆز ئادالىتى بىلەن جازا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىنى زىكىر قىلىپ، كۇفرىلىق، يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار دەرھال تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتمىگەن تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە (40 - ئايەتتە) ياخشى ئەمەلنى كۆپەيتىپ ئىگىسىگە كاتتا ئەجر ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بۇ كۆپەيتىشنىڭ ئون ھەسسە بولىدىغانلىقىنى، بەزى ياخشىلىقلار ئۈچۈن 700 (يەتتە يۈز)گىچە بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. فَكَيْفَ إِذَا جِئْنَا مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ بِشَهِيدٍ وَجِئْنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰؤُلَاءِ شَهِيدًا
    بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر پەيغەمبەرنى گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا، ئەھۋال قانداق بولار؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر گۇۋاھچى كەلتۈرگەن ۋە سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئەھۋال قانداق بولار؟ — ئەنەس ئالىم

  42. يَوْمَئِذٍ يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَعَصَوُا الرَّسُولَ لَوْ تُسَوَّىٰ بِهِمُ الْأَرْضُ وَلَا يَكْتُمُونَ اللَّهَ حَدِيثًا
    كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى ئۆزىنىڭ يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كافىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار (قىيامەن كۈنىدە) ئۆزىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كۈندە، كافىر بولغان ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  43. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنْتُمْ سُكَارَىٰ حَتَّىٰ تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُوا ۚ وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى ھاجەت قىلساڭلار ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)(ئىزاھات: بۇ، ھاراق ھارام قىلىنشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈم ئىدى.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولۇپ قالغاندا، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگۈدەك بولغۇچە (نامازغا يېقىنلاشماڭلار) *[1]، جۇنۇپ بولۇپ قالغاندا غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا (يەنى مەسجىدكە) يېقىنلاشماڭلار؛ (مەسجىدنىڭ ھويلىسىدىن) ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار بۇنىڭدىن مۇستەستا؛ ئەگەر (سۇ زىيان قىلىدىغان) كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى خوتۇنۇڭلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا ئۇرۇلغان قولۇڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر مەست چېغىڭلاردا نېمە دەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلگىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار. جۇنۇپ چېغىڭلاردىمۇ غۇسۇل قىلغىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار، يولدىن ئۆتكۈچىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا[23]. ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولغان بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار[24]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بىر كېچە - كۈندۈزدە مۇئەييەن شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا بەش ۋاقىت ناماز ئۆتەش مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلىنىپ پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر. بۇ ئايەتتە نامازنىڭ شەرتلىرىدىن مەست ھالەتتە بولماسلىق ۋە جۇنۇپ ھالەتتە بولماسلىق بىلدۈرۈلىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى ھۆكۈمدىن مەستنىڭ مەستلىكى نېمە دېگەنلىكىنى بىلگۈدەك دەرىجىدە يېشىلگەن بولسا ناماز ئۆتىسە بولىدىغانلىقى ۋە جۇنۇپ ئادەم يولۇچى بولۇپ غۇسۇل قىلىشقا سۇ تاپالمىسا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئۆتىسە بولىدىغانلىقى ئىستىسنا قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئايەتتە ھاجەتخانىدا بولىدىغان ئىشلاردىن بىرى بىلەن كىچىك تەرەتنىڭ، جۇنۇپ بولۇش بىلەن چوڭ تەرەتنىڭ سۇنۇپ كېتىدىغانلىقى، كىچىك تەرىتى سۇنغانلارنىڭ كىچىك تەرەت ئېلىش بىلەن، چوڭ تەرىتى سۇنغانلارنىڭ (جۇنۇپ ئادەملەرنىڭ) غۇسۇل تاھارەت ئېلىش بىلەن نامازغا لايىق بولىدىغانلىقى، ئەسلىدە بۇ ئىككى تەرەتنى سۇ بىلەن ئېلىش لازىملىقى، لېكىن سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغانلارنىڭ تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئۆتىسە بولىدىغانلىقى قاتارلىق ھۆكۈملەر بايان قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەت مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ تەدرىجىي ھارام قىلىنىشى جەريانىدا نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسى ناماز ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا مەست بولۇشنىڭ رۇخسەتلىكىگە ئىشارەت قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ ھەقتە ئەڭ ئاخىرىدا 5 - سۈرە (مائىدە)نىڭ 90 - ۋە 91 - ئايەتلىرى نازىل بولۇش بىلەن مەست قىلغۇچى نەرسىلەر قەتئىي ھارام قىلىنغان، شۇڭلاشقا مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ۋە مەست بولۇش ھەر دائىم ھارامدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يَشْتَرُونَ الضَّلَالَةَ وَيُرِيدُونَ أَنْ تَضِلُّوا السَّبِيلَ
    (ئى مۇھەممەد!) كىتابتىن (يەنى تەۋراتتىن) نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىي موللىلىرى) نىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) تەۋراتتىن ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئېزىپ كېتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (44-46) يەھۇدىي ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز كىتابلىرىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمىگەن، ھەتتا ئۇنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلانغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆز كىتابلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىنى بۇرمىلايتتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا تىللىرىنى ئېگىپ، (تېشى ھۆرمەت، ئىچى ھاقارەت بولغان) ئىككى بىسلىق گەپلەرنى قىلاتتى ۋە دىنغا تەنە قىلاتتى. ئەسلىدە ئۇلار لايىقىدا گەپ قىلىپ، گىپىدە تۇرغان بولسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلمىغان. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارغا قارشى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ، جۈملىدىن بۇ ئايەتلەردىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى تونۇتىدۇ، شۇنداقلا مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ يېتەرلىك ھامىي ۋە يېتەرلىك مەدەتكار ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىشلار ئاللاھ كۆرسەتكەن سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھقا سېغىنىش ۋە ئاللاھتىن ياردەم تىلەشتىن ئىبارەت. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق»، يەنى ساڭا ئەگىشىمىز دەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئاسىيلىق قىلىدۇ. «ئاڭلىتىلمىغايسەن» دېگەن سۆز: «ئۆزلىرىگە ھېچكىم يامان سۆز ئاڭلاتمىغاي» دېگەن ياخشى مەنىدىكى تىلەككىمۇ، «ساڭا ھېچكىم گەپ ئاڭلاتمىغاي، يەنى ئۆلۈپ كەتكەيسەن ياكى گاس بولۇپ كەتكەيسەن» دېگەن يامان مەنىدىكى يامان تىلەككىمۇ ئېھتىمالى بار. 46 - ئايەتتە ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇنداق بىر - بىرىگە زىت ئىككى تۈرلۈك مەنىگە دالالەت قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ئورنىغا «ئاڭلىدۇق، ئىتائەت قىلدۇق، ئاڭلىغىن ، ئۇنزۇرنا - بىزگە قارىغىن» دېيىشكە تەرغىب قىلىنىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِأَعْدَائِكُمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَلِيًّا وَكَفَىٰ بِاللَّهِ نَصِيرًا
    ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى سىلەرنى يەھۇدىيلارنىڭ مىكرىدىن ساقلاشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ساقلاشقا ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەلىي[25]، ئاللاھ يېتەرلىك ياردەمچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  46. مِنَ الَّذِينَ هَادُوا يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ وَرَاعِنَا لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًا فِي الدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاسْمَعْ وَانْظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِنْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
    يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يەھۇدىيلار ئىچىدە تەۋراتنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بويسۇنمىدۇق، سەن بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىغىن،(ھىم!) ئاڭلىماس بولۇپ كېتەرسەن» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، «رائىنا» دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا): «ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق» «قۇلاق سال» «ئۇنزۇرنا»*[1] دېگەن بولسا، ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن، كۇفر سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەھۇدىيلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئاڭلىدۇق، ئاسىي بولدۇق، سەن ئاڭلىغىن، ئاڭلىتىلمىغايسەن، رائىنا» دەيدۇ[26]. ئۇلار بۇنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ۋە دىنغا تەنە قىلىپ دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار: «ئاڭلىدۇق، ئىتائەت قىلدۇق، ئاڭلىغىن، ئۇنزۇرنا» دېگەن بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ توغرا بولاتتى. لېكىن كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  47. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ آمِنُوا بِمَا نَزَّلْنَا مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَطْمِسَ وُجُوهًا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰ أَدْبَارِهَا أَوْ نَلْعَنَهُمْ كَمَا لَعَنَّا أَصْحَابَ السَّبْتِ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
    ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن) ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى ئاللاھ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن ئىلگىرى ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، بىز نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلدىن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز سىلەردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. بۇنى بىز بىر تۈركۈم يۈزلەرنى ئۆچۈرۈپ تۈپتۈز قىلىپ ئارقىلىرىغا قايتۇرۇۋېتىشتىن ياكى بىز ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغىنىمىزدەك لەنەت قىلىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    «كىتاب بېرىلگەنلەر» - ئەھلى كىتابنىڭ يامان ئۆلىمالىرىنى ۋە ئۇلارغا قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىدىغان نادانلار تەبىقىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنى ئۆز قوللىرىدىكى ئىلاھىي كىتابنى تەستىقلايدىغان ئالاھىدىلىكتە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئەكسى تەقدىردە ئىككى تۈرلۈك يامان ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى يۈزلىرىنىڭ گەجگىلىرىگە، گەجگىلىرىنىڭ يۈزلىرىگە ئۆتۈپ قېلىشىدۇر، يەنە بىرى شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىگە رىئايە قىلمىغانلار يولۇققان لەنەتكە يولۇقۇش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مايمۇنغا ئايلىنىپ كېتىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَىٰ إِثْمًا عَظِيمًا
    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى كەچۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى، شېرىك كەلتۈرۈش ۋە كۇفرىلىق قىلىش گۇناھلىرىنىمۇ تەۋبە بىلەن مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا تەۋبە بىلەن ھەرقانداق گۇناھنى كەچۈرىدۇ. جۈملىدىن شېرىك كەلتۈرۈشنىمۇ تەۋبە بىلەن كەچۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ، شېرىك كەلتۈرۈشتىن تۆۋەن گۇناھلىرىنى كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە شېرىك كەلتۈرۈشتىن تۆۋەن گۇناھلىرىنى كەچۈرىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ ۋە چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغانلارنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، چوڭ گۇناھ قىلغانلار بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمىسا، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ، يەنى ئاللاھ تائالا چوڭ گۇناھنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغان ۋە شۇ پېتى ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ چوڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش - ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگىمۇ قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەر مۇشرىك كافىر، ھەر كافىر مۇشرىكتۇر، چۈنكى بىر ئايەتتە دۇئا ئىبادىتىنى ئاللاھتىن غەيرىيگىمۇ قىلغان كىشى كافىر دەپ ئاتىلىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش «شېرىك» دەپ ئاتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەردە كافىرنىڭ مۇشرىك، مۇشرىكنىڭ كافىر ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بىلدۈرۈلىدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىلەرگە ۋە كافىرلارغا جەننەتنىڭ ئوخشاشلا ھارام قىلىنغانلىقىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى (48 - ئايەتتىكى) «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ كەچۈرۈلمەيدىغانلىقى»، ئاللاھقا كافىر بولۇشنىڭمۇ كەچۈرۈلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُزَكُّونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ بَلِ اللَّهُ يُزَكِّي مَنْ يَشَاءُ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
    ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلار (يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن مەدھىيەلەيدىغانلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس)، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۆزىنى پاك دەپ قارايدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ ئۇۋال قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزلىرىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەرگە قارىمامسەن؟[27] بەلكى ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئۆزلىرىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەر»گە قاراپ ئەجەبلىنىشكە تەرغىب قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە ئۇ كىشىلەرنىڭ: «جەننەتكە بىزلا كىرىمىز، دوزاختا بىرقانچە كۈنلا كۆيۈمىز ، بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىمىز» دەپ دەۋا قىلىدىغان يەھۇدىي ۋە ناسارالار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ خالىغان كىشىنى پاك ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ كىشىنىڭ «ئەڭ تەقۋادار» كىشى ئىكەنلىكىنى باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىدۇ. تەقۋادار كىشىنىڭ كىملىكىنى بولسا باشقا بىر ئايەتتە بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ئۆزىگە تەمەننا قىلىش ۋە ئۆزىنى ئۇلۇغ بىلىش قاتارلىق روھىي ئىللەتلىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشىگە توسالغۇ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ھېچكىمگە قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ، ھېچكىمنىڭ ياخشىلىقىنىڭ قىلچە كېمىيىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ھېچكىمنىڭ يامانلىقىنىڭ قىلچە كۆپىيىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ مۇكاپاتى ياكى جازاسى كەم - كۈتسىز تولۇق بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. انْظُرْ كَيْفَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۖ وَكَفَىٰ بِهِ إِثْمًا مُبِينًا
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئاللاھقا تۆھمەت چاپلاۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى قانداق توقۇۋاتقانلىقىغا قارىغىن! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    قارىغىنا! ئۇلار ئاللاھقا يالغاننى قانداق چاپلاۋاتىدۇ! بۇ ئوپئوچۇق گۇناھتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئالدىنقى ئايەتتە بايان قىلىنغان ھالىغا قاراپ ئەجەبلىنىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلارنىڭ مەزكۇر دەۋالار بىلەن ئاللاھقا تۆھمەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ تۆھمەتنىڭ ئۇلارنىڭ دوزاخقا تاشلىنىپ جازالىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يُؤْمِنُونَ بِالْجِبْتِ وَالطَّاغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا هَٰؤُلَاءِ أَهْدَىٰ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا سَبِيلًا
    كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ: «بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەۋراتتىن ئىلىم بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كافىرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇلارنىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار جىبتكە ۋە تاغۇتقا ئىشىنىدۇ[28]، كافىرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇلار مۇئمىنلاردىن بەكرەك توغرا يولدىدۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (51-54) ئاللاھ تائالا بۇ يەردە (51 - ئايەتتە) «كىتاب بېرىلگەنلەر»نىڭ «جىبت» ۋە «تاغۇت»قا ئىشىنىشىنى ۋە كافىرلارغا (مەككە مۇشرىكلىرىغا) «سىلەرنىڭ يولۇڭلار مۇھەممەدكە ئىشەنگەنلەرنىڭ يولىدىن بەكرەك توغرىدۇر» دېيىشىنىڭمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن (52 - ئايەتتە) ئۇلارنىڭ لەنەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە لەنەتتىن ھەرگىزمۇ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (53 - ئايەتتە) ئۇلارنىڭ كائىناتنىڭ پادىشاھلىقىدىن بىرەر نېسىۋىسى يوقلۇقىنى، ناۋادا بولغان بولسا بېخىللىق قىلىپ ئىنسانلارغا قىلچە بىر نەرسە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، (54 - ئايەتتە) ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتقا يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىك ۋە ھاكىمىيەتكە ھەسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىغا (يەنى بەنى ئىسرائىلغا كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدۇر) كىتاب بىلەن ھېكمەتنى ئاتا قىلغانلىقىنى، ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن داۋۇد، سۇلەيمان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارغا) بۈيۈك پادىشاھلىق ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «جىبت» - سېھىر، ساھىر، شەيتان، بۇت، ئاللاھقا بويۇنتاۋلىق قىلغۇچى، ۋە ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنغان ھەر نەرسە دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. «تاغۇت» ئۈچۈن قاراڭ: 2 - سۈرە (بەقەرە)، 256 - ئايەتنىڭ تەپسىرى. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەن شۇ ئادەملەرنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالىغا قارىغىن: ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن كىتابنى بىلىپ تۇرۇقلۇق بۇتلارغا ئىشىنىۋاتىدۇ، بۇتپەرەسلەرنى ۋە شەيتاننى خۇش قىلىۋاتىدۇ، بۇتپەرەسلەر ھەققىدە «بۇلارنىڭ يولى مۇھەممەدكە ئىشەنگەنلەرنىڭ يولىدىن توغرا» دەۋاتىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ تاشلىۋەتكەن ۋە رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرغان كىشىلەردۇر. بىلگىنكى، ئاللاھ تاشلىۋەتكەن ۋە رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرغان كىشىلەرنى، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قوغدىيالمايدۇ ۋە قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇلار ھەقكە بويسۇنۇش نېمىتىدىن مەھرۇم قىلىنغاندەك، ھاكىمىيەتتىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان. ناۋادا ئۇلارغا ھاكىمىيەتتىن بىرەر نېسىۋە بېرىلسە ئىدى باشقىلارغا قىلچە بىر نەرسە بەرمەيتتى. ئۇلار ئەرەبلەرگە ئاللاھ ئاتا قىلغان بىر ئىلتىپاتىغا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەر چىقىرىشىغا) چىدىمامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ئاتاڭلار بولغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىغا (بۇرۇن ئۇلارغا كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە) كىتاب، ھېكمەت ۋە كاتتا پادىشاھلىق بەرگەن. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئۆزلىرىدىن چىققان پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئەرەبلەردىن چىققان پەيغەمبەرگە (ساڭا) نېمىشقا ئىشەنمەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ۋە ئوخشاشلا پەيغەمبەرغۇ! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَمَنْ يَلْعَنِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ نَصِيرًا
    ئەنە شۇلار ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ كىمگە لەنەت قىلسا، سەن ئۇنىڭغا ھېچ ياردەمچى تاپالمايسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  53. أَمْ لَهُمْ نَصِيبٌ مِنَ الْمُلْكِ فَإِذًا لَا يُؤْتُونَ النَّاسَ نَقِيرًا
    ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ (ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق) ئەگەر بولىدىغان بولسا، (زىيادە بېخىللىقتىن) ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىدىن بىرەر نېسىۋىسى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا ئىدى، ئۇلار ئىنسانلارغا قىلچىلىك نەرسىنىمۇ بەرمەيتتى. — ئەنەس ئالىم

  54. أَمْ يَحْسُدُونَ النَّاسَ عَلَىٰ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۖ فَقَدْ آتَيْنَا آلَ إِبْرَاهِيمَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَآتَيْنَاهُمْ مُلْكًا عَظِيمًا
    ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەرگەن ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق ئاتا قىلغان ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسە تۈپەيلىدىن ئۇلارغا ھەسەت قىلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىغىمۇ كىتابنى، ھېكمەتنى بەرگەن ئىدۇق ۋە ئۇلارغا كاتتا پادىشاھلىق بەرگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

  55. فَمِنْهُمْ مَنْ آمَنَ بِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ صَدَّ عَنْهُ ۚ وَكَفَىٰ بِجَهَنَّمَ سَعِيرًا
    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار، ئۇلارغا (ئۇلارنىڭ كۇفرىغا جازا بېرىش يۈزىسىدىن) جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەدكە) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بولدى، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بولدى، يۈز ئۆرۈگەنلەرگە جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار[29]. يۈز ئۆرۈگۈچىلەرگە يالقۇنلاپ تۇرغۇچى جەھەننەم يېتەرلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ 47 - ئايىتىدە ئەھلى كىتابنى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلاردىن ئۇ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرمۇ بولغانلىقىنى، ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقانلارمۇ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ھەسەتخورلۇق ۋە كۇفرىلىق قىلغانلارغا دوزاخنىڭ يالقۇنلۇق ئوتىنىڭ يېتەرلىك جازا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. ئۇنداقتا ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: بىز ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىغا بەرگەن پەيغەمبەرلىككە بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىشەنگەن، بىر قىسمى ئىشەنمىگەن. ئۇنداقتا، سەن ئى مۇھەممەد! بۇ ئەھلى كىتاب ماڭا ئىشەنمىدى دەپ قايغۇرمىغىن، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمۇ ئۆزلىرىدىن چىققان پەيغەمبەرلەرگە تولۇق ئىشەنمىگەن، ئەكسىچە بىر قىسمى ئىشەنگەن، بىر قىسمى ئىماندىن باش تارتقان، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ نەسلى بولغان بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشەنمەسلىكى نورمال ئەھۋال. ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن، چۈنكى بۇ سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭدە بىرەر قۇسۇر بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكىدىن بولغان ئىش (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا سَوْفَ نُصْلِيهِمْ نَارًا كُلَّمَا نَضِجَتْ جُلُودُهُمْ بَدَّلْنَاهُمْ جُلُودًا غَيْرَهَا لِيَذُوقُوا الْعَذَابَ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَزِيزًا حَكِيمًا
    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى كۆيۈپ پىشىپ قالغاندا ئازابنى تېتىشى ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەپ تۇرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى يېقىندا ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. قاچانىكى ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشسا، ئازابنى تېتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا باشقا تېرىلەر يەڭگۈشلەپ قويىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (56-57) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ كىتابتىن يۈز ئۆرۈگەن پىرقىسىنى دوزاخقا تاشلاپ ئازابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ يەردە بىرىنچى ئايەتتە (56 - ئايەتتە) بارلىق كافىرلارنى دوزاخقا تاشلاپ ئازابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئىككىنچى ئايەتتە (57 - ئايەتتە) مۇئمىنلارنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىدۇ. «ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىش» - ئاللاھ ياراتقان ئايەتلەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە ھېكمىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا ۋە ئىبادەتكە لايىق بولۇشتا يەككە - يېگانە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەسلىك، ئاللاھ نازىل قىلغان بىرەر ئايەتنىڭ ئايەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش، ئايەت ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرنىڭ بىرەرىگە ئىشەنمەسلىك، ئايەتكە سەل قاراپ ئۇنى چۈشىنىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا تىرىشماسلىق، ئايەت توغرىسىدا شۈبھە پەيدا قىلىش، ئايەتنىڭ ئايەتلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ بويسۇنماسلىق قاتارلىق پېئىللارنى كۆرسىتىدۇ. «ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىش»نىڭ جازاسىغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇ جازانىڭ دوزاخقا كىرگۈزۈپ كۆيدۈرۈش، قاچانىكى ئۇلارنىڭ تېرىلىرى كۆيۈپ پىشسا، ئازابنى ھېس قىلىشلىرى ئۈچۈن تېرىلىرىنى باشقا تېرىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئىكەنكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «ئىمان» - ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىشىنىش، «ياخشى ئەمەل» ئاللاھ تائالا كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشتۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئەللىكتىن ئارتۇق ئايەتتە ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلارغا مەغپىرەت، رەھمەت، بۈيۈك مۇكاپات، جەننەت ۋە ئۆزىنىڭ رازىلىقى قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَنُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ لَهُمْ فِيهَا أَزْوَاجٌ مُطَهَّرَةٌ ۖ وَنُدْخِلُهُمْ ظِلًّا ظَلِيلًا
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يېقىندا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن جۈپلەر بار. بىز ئۇلارنى قويۇق سايىگە كىرگۈزىمىز. — ئەنەس ئالىم

  58. إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَىٰ أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُمْ بَيْنَ النَّاسِ أَنْ تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ ۚ إِنَّ اللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُمْ بِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (58-59) ئىسلام ئىنسانلارنىڭ شەخسىي، ئائىلىۋى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قاتارلىق پۈتكۈل ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان «ئىلاھىي نىزام» بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ كىتابلىرى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى يەتكۈزىدۇ ۋە ئۈلگە بولۇپ ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئاخىرقى كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە ئىنسانىي ھاياتنىڭ ھەر ساھەسى توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەندەك، سىياسىي ھايات ساھەسى توغرىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئايىتىدە يوليورۇق بېرىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئايەتلەردىمۇ مۇئمىنلارنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە ئىش بېشىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىشقا، بىرەر نەرسە توغرۇلۇق ئۆزئارا تالاش - تارتىش قىلىشىپ قالسا ئۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قايتۇرۇشقا (يەنى ئۇ نەرسىنىڭ ھۆكمىنى قۇرئان - سۈننەتتىن ئۆگىنىشكە) بۇيرۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا سىياسىي ھايات توغرىسىدا يوليورۇق بېرىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە «ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇش»قا قىلىنغان ئىلاھىي بۇيرۇق، «ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىش» ۋە «ئىش بېشىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىش، ئۇلار بىلەن بىرەر مەسىلىدە كېلىشەلمەسلىك چىقسا ئۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكمىگە قايتۇرۇش»قا قىلىنغان بۇيرۇقلار بىلەن بىر يەردە زىكىر قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇش»نىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى ھەر ئىشنى لاياقەتلىك كىشىگە تاپشۇرۇش، دۆلەت مېخانىزمىنى قۇرۇشتا، ھۆكۈمەت تەشكىللەشتە ۋە ئىجرائىيە ئورگانلىرىنى بەلگىلەشتە ھەر جەھەتتىن لايىق كىشىلەرنى تاللاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى «تالۇت»نىڭ پادىشاھلىققا تاللىنىش سەۋەبىمۇ كۆرسىتىدۇ. «ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىش» - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ياخشى - يامان، يېقىن - يىراق، تەقۋادار، پاسىق، مۇسۇلمان، كافىر دېمەستىن بارلىق پۇقرالارغا ئادالەت كۆزى بىلەن قاراپ ھەققانىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە ئىش بېشىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىش. ئىش بېشىدىكىلەر بىلەن بىرەر نەرسە توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشىپ قالغاندا ئۇ نەرسىنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قايتۇرۇش» - دۆلەت ئىشلىرىدا ۋە سىياسەتتە ھېچكىمگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، باشلىقلارنىڭمۇ، پۇقرالارنىڭمۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشى لازىملىقى، پۇقرالارنىڭ باشلىقلارنى كۆزىتىشى، ناۋادا بىرەر ئىشتا ھەقتىن ئايرىلغانلىقىنى بايقىسا نەسىھەت قىلىشى، نەسىھەتنى قوبۇل قىلماي «ئۆزۈمنىڭ توغرا» دەپ تۇرۇۋالسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە (ئۇنى نازارەت قىلىدىغان، تەكشۈرۈپ تۈزىتىشكە بۇيرۇيالايدىغان بىرەر ئورگانغا) ئەرز قىلىشى، ئەرز قىلىنىدىغان ئورگانلار (سوت، تەپتىش، قۇرۇلتاي، مەجلىس، پارلامېنت ، ئالىي سوت مەھكىمىسى دېگەندەك مۇئەسسەسەلەر)نىڭ بولۇشى ۋە بۇ ئورگانلارنىڭ باشلىق بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىنغان مەسىلە ھەققىدە قۇرئان - سۈننەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ قويۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلارغا ۋە بۇ ئىشلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىغان، ئۆز يولىدا ماڭغۇزىدىغان، شۇنداقلا ھەر تەرەپنىڭ ھەقكە قايتىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان سىستېمىلىق ئورگانلارنىڭ بولۇشىغا دالالەت قىلىدۇ. پۈتۈن بۇلارنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىسلامدا مەرتىۋىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇئمىنلار بىر - بىرىگە مەسئۇل بولۇپ، بىر - بىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ياخشى ئىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشتىن توسىدۇ. ياخشى ئىشقا بۇيرۇلغان، يامان ئىشتىن توسۇلغان تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ قۇرئان - سۈننەتتىن دەلىل كەلتۈرۈپ نەسىھەت قىلغانلىقىغا قاراپ دەرھال قوبۇل قىلىدۇ. بۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىمانىي ۋەزىپىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ ۖ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ھەدىسكە) مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىرەر نەرسىدە تالاش - تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. ئەنە شۇ خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  60. أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يَزْعُمُونَ أَنَّهُمْ آمَنُوا بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ يُرِيدُونَ أَنْ يَتَحَاكَمُوا إِلَى الطَّاغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوا أَنْ يَكْفُرُوا بِهِ وَيُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُضِلَّهُمْ ضَلَالًا بَعِيدًا
    ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى تاغۇتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى (ئادىمىي) شەيتاننىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى قاتتىق ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىر تەرەپتىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشەنگەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان. شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (60-63) «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر». «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە تاغۇتنى ئىنكار قىلىش» - ئىسلامنىڭ خۇلاسىسىدۇر. ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەر قەۋملىرىگە بۇ ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ۋە تاغۇتتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇش) ئۈچۈن كەلگەن، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئۈلگە بولغان ۋە بۇ يولدا كۈرەش قىلغان. شۇڭلاشقا مەن: «مۇئمىن» دېگەن بىر كىشىنىڭ بىرەر مەسىلە توغرىسىدا «تاغۇت»قا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى، ئەرز - داد ۋە دەۋا - دەستۇرلىرىنى تاغۇتقا سۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەكسى تەقدىردە ئۇنىڭ: «مەن مۇئمىن» دېگەن سۆزى قۇرۇق دەۋادىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنافىق ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ (60 ~ 63 -) ئايەتلەردە بىر تەرەپتىن ئىمان دەۋاسى قىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدىغان ئەنە شۇ ئىككى يۈزلىمىچى ئادەملەرنىڭ بۇ غەلىتە ئەھۋالىغا قاراپ ئەجەبلىنىشكە تەرغىب قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقكە دەۋەت قىلىنغان چاغدىكى پوزىتسىيەلىرىنى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا ئۆزلىرىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەن پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشەنگەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، لېكىن «تاغۇت»قا (ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشى ۋە ئورگانغا) ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالىغا قارىغىن ۋە ئەجەبلەنگىن. ھالبۇكى، ئۇلار ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولسا تاغۇتنى ئىنكار قىلىشى كېرەك ئىدى. دېمەككى، ئۇلار شەيتانغا ئەگەشكەن. ئۇلار سېنىڭ ھۆكمىڭگە رازى بولماي تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرغانلىق گۇناھى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا ئىلاھىي جازا سۈپىتىدە بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە سېنىڭ يېنىڭغا ئۆزرە ئېيتىپ كېلىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرۇشتىن پەقەت ئىككى تەرەپ (مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار)نىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشنى ۋە ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدۇق» دەيدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تىلى باشقا، دىلى باشقا ئىكەنلىكى (يەنى مۇنافىق ئىكەنلىكى) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرى رەسۋا بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئويلاپ ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولۇشقا ۋە خەلقىئالەم ئىچىدە رەسۋا بولۇپ يۈزىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشقا سەۋەبچى بولىدىغان مۇنافىقلىقتىن نېمىشقا ساقلانمايدۇ؟ (نېمىشقا سەمىمىي ھالدا مۇسۇلمان بولمايدۇ؟). ئاللاھ ئەنە شۇ مۇنافىقلارنىڭ قەلبلىرىدىكى يامان نىيەت ۋە ئەگرىلىكنى بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىگەن تەقدىردە جازالايدۇ. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنى جازالاندۇرمىغىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، مۇسۇلمانلىقنىڭ دىل، تىل ۋە پۇت - قول ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزلىشىشى كېرەكلىكىنى، تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرۇشنىڭ ئىسلامغا خىلاپ كېلىدىغانلىقىنى، تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىسە ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەسىر قىلىدىغان، ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە قايتىشىغا تۈرتكە بولىدىغان سۆزلەرنى قىلغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ رَأَيْتَ الْمُنَافِقِينَ يَصُدُّونَ عَنْكَ صُدُودًا
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) غا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب تەرەپكە ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇناپىقلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھقا كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇنافىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  62. فَكَيْفَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ثُمَّ جَاءُوكَ يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا إِحْسَانًا وَتَوْفِيقًا
    قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە يارىشىشنىلا ئىرادە قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە يارىشىشنىلا ئىرادە قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولار؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا بىرەر مۇسىبەت يەتكەن، ئاندىن : «بىز پەقەت ياخشىلاشنى ۋە ياراشتۇرۇشنى ئىرادە قىلغان» دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا يېنىڭغا كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟[30]. — ئەنەس ئالىم

  63. أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يَعْلَمُ اللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَعِظْهُمْ وَقُلْ لَهُمْ فِي أَنْفُسِهِمْ قَوْلًا بَلِيغًا
    ئەنە شۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (يالغان ئېيتىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى مۇناپىقلىقىنى، مىكرىنى) بىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارغا تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىلىغا تەسىر قىلغۇدەك سۆزلەرنى قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىدىكىنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا تەسىرلىك سۆز قىلغىن. — ئەنەس ئالىم

  64. وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ جَاءُوكَ فَاسْتَغْفَرُوا اللَّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُوا اللَّهَ تَوَّابًا رَحِيمًا
    بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھنى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەربىر پەيغەمبەرنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنسۇن دەپلا ئەۋەتتۇق، مۇناپىقلار (سېنىڭ ھۆكمۈڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئەلچىنى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىتائەت قىلىنىشى ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ[31]، ئۇلار ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى. — ئەنەس ئالىم

    (64-65) ئالدىنقى ئايەتلەردە، «مەن مۇئمىن» دەپ تۇرۇقلۇق تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولغانلار ئەيىبلىنىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. بۇ (64 - ۋە 65 -) ئايەتلەردە بولسا، ھۆكۈمنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قىلدۇرۇش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلىدۇ، چۈنكى ھۆكۈمنى ئەسلىدە ئاللاھ قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ ھۆكۈمنى يەتكۈزىدۇ، ئۆگىتىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ قاچان قەيەردە ئەلچى ئەۋەتكەن بولسا، ئۇنى كۆرگەن، بىلگەن ۋە ئاڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشى، ئەگىشىشى، ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلدۇرۇشى پەرزدۇر. جۈملىدىن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ئىشىنىشى، ئەگىشىشى، قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى ۋە ئىشلىرىنى ئۇنىڭ ھۆكمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر ئەلچىنى ئىنسانلارنىڭ ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىدۇق، سېنىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. شۇڭلاشقا سەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن باشلاپ تاكى قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر ئىنسانلار ئۆز ئارىلىرىدا پەيدا بولغان ھەرقانداق مەسىلىدە ساڭا ھۆكۈم قىلدۇرمىسا ۋە سېنىڭ ھۆكمىڭگە چىن كۆڭۈلدىن رازى بولمىسا ئەسلا مۇئمىن بولالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنْفُسِهِمْ حَرَجًا مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا
    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، مۇناپىقلار دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە چىن كۆڭلىدىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئىش ئۇ مۇنافىقلار ئويلىغاندەك ئەمەس. رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىلىرىدا چىققان تالاش - تارتىشلاردا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەيىنلەپ، ئاندىن سەن چىقارغان ھۆكۈمگە دىللىرىدا قىلچە غۇم ھېس قىلماستىن تولۇق تەسلىم بولمىغىچە ھەرگىزمۇ مۇئمىن بولمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  66. وَلَوْ أَنَّا كَتَبْنَا عَلَيْهِمْ أَنِ اقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ أَوِ اخْرُجُوا مِنْ دِيَارِكُمْ مَا فَعَلُوهُ إِلَّا قَلِيلٌ مِنْهُمْ ۖ وَلَوْ أَنَّهُمْ فَعَلُوا مَا يُوعَظُونَ بِهِ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَأَشَدَّ تَثْبِيتًا
    ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق (يەنى ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگەندەك ئېغىر تەكلىپنى ئۇلارغا يۈكلىسەك) ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى. ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم بولغان بولاتتى (گۇمراھلىق ۋە نىفاقتىن ئەڭ يىراق بولغان بولاتتى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى؛ ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ يازغان بولساق، بۇنى ئۇلاردىن پەقەت ئازغىنە كىشى قىلاتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن خەيرلىك ۋە مۇستەھكەملىگۈچى بولاتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (66-68) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (60 ~ 63 -) ئايەتلەردە بىر تەرەپتىن مۇئمىنلىق دەۋاسى قىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەجەبلىنىشكە تەرغىب قىلىدۇ، ئاندىن ئىككى (64- ۋە 65 -) ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىنسانلارغا ئەلچى ئەۋەتىشىنىڭ سەۋەبىنى، شۇنداقلا ئەلچىسىگە ھۆكۈم قىلدۇرمىغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە چىن كۆڭلىدىن رازى بولمىغانلارنىڭ مۇئمىن بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (66 ~ 68 -) ئايەتلەردە بولسا، ئەگەر ئۆزى ئۇلارنى ئېغىر ئىشلارغا بۇيرۇغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ بۇيرۇققا بويسۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىلاھىي نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىلاھىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئەگەر بىز، تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولغان ئۇ مۇنافىقلارغا بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى يۇرتلىرىدىن چىقىپ كېتىشنى پەرز قىلغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇ پەرزىنى ئادا قىلمىغان بولاتتى. لېكىن بىز ئۇلارغا ئۇنداق ئېغىر ئىشلارنى پەرز قىلمىدۇق، ئەكسىچە يەڭگىل ئىشلارنى پەرز قىلدۇق. شۇڭلاشقا ئۇلار زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن يەڭگىل ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلغان ۋە ئۆزلىرىنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەملىگەن بولاتتى، ھەمدە بىز ئۇلارغا كاتتا مۇكاپات ئاتا قىلاتتۇق، توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق ۋە توغرا يولدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلاتتۇق. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى (66 - ئايەتتكى) «ئىلاھىي نەسىھەت» ئىلاھىي ۋەزىپىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھەر ئەمرى بىر ئىلاھىي نەسىھەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. وَإِذًا لَآتَيْنَاهُمْ مِنْ لَدُنَّا أَجْرًا عَظِيمًا
    ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلاتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلاتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ تەقدىردە بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئۆز تەرىپىمىزدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلاتتۇق، — ئەنەس ئالىم

  68. وَلَهَدَيْنَاهُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
    ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا باشلايتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق. — ئەنەس ئالىم

  69. وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَالرَّسُولَ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ وَالصِّدِّيقِينَ وَالشُّهَدَاءِ وَالصَّالِحِينَ ۚ وَحَسُنَ أُولَٰئِكَ رَفِيقًا
    كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار! — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەر (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغانلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر! — ئەنەس ئالىم

    (69-70) ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن «مەن مۇئمىن» دەپ تۇرۇقلۇق تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولغانلارنىڭ توغرا يولدىن ئاداشقانلىقى، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارغا ئەلچى ئەۋەتىشتىكى ھېكمىتى، ئەلچىسىنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە چىن كۆڭۈلدىن رازى بولمىغان كىشىلەرنىڭ مۇئمىن بولالمايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەردە بولسا، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ مۇكاپات قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شەھىدلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولۇشتۇر. بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان تۆت تۈرلۈك كىشىلەر دۇنيادا توغرا يولدا بىرلەشكەندەك، قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتىن جەننەتكىچە بىر - بىرىگە ھەمراھ بولىدىغان ۋە جەننەتتە بىر - بىرىگە قوشنا بولۇپ، خالىغان چاغلىرىدا بىر يەرگە يىغىلىپ سۆھبەتلىشىدىغان ياخشى بەندىلەردۇر. دېمەككى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغانلار دۇنيادا ئەنە شۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلىدۇ. ئەسكەرتىش: «پەيغەمبەر» - ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ۋەھىي نازىل قىلغان كىشى (پەيغەمبەر)، «سىددىق» - پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابىغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ قوبۇل قىلغان كىشى، «شەھىد - شَهِيد» - ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە دىلى، تىلى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن، شۇنداقلا ھەق يولىدا جېنىنى پىدا قىلغان كىشى دېمەكتۇر. «ياخشى - صالح» كىشى بولسا، ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى بەندىچىلىك ۋەزىپىسىنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان كىشى دېگەن بولۇپ، بۇ يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق سۈپىتىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بىر كىشىنى ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇشى ئۇنىڭغا ئىلتىپات ئاتا قىلغانلىقىدۇر. ئۇ مەرتىۋىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. ذَٰلِكَ الْفَضْلُ مِنَ اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ عَلِيمًا
    بۇ پەزل ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھ (پەزل ـ ئېھسانغا تېگىشلىك بولغانلارنى) بىلىشتە يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ بۇلارنى بىلىشتە يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئىلتىپات ئاللاھتىندۇر. ئاللاھ تولۇق بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  71. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا خُذُوا حِذْرَكُمْ فَانْفِرُوا ثُبَاتٍ أَوِ انْفِرُوا جَمِيعًا
    ئى مۆمىنلەر! (دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن) تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ئۇرۇشقا تۈركۈم ـ تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇڭلار، ئۇرۇشقا تۈركۈم ـ تۈركۈم بولۇپ ياكى ھەممىڭلار بىر بولۇپ چىقىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! مۇداپىئە تەدبىرىڭلارنى ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇرۇشقا قىسىم - قىسىم ھالەتتە چىقىڭلار ياكى ئومۇميۈزلۈك چىقىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    (71-73) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (69 - ۋە 70 -) ئايەتلەردە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا تەرغىب قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتلەردىن باشلاپ غازات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى غازات قىلىش ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قىلىنىدىغان ئىتائەتنىڭ ئەڭ بۈيۈكىدۇر. غازاتقا باشلاشتىن ئىلگىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەر جەھەتتىن تەييارلىق قىلىش ۋە ھوشيار تۇرۇشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە، 71 - ئايەتتە ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارغا (تەييارلىق قىلىش ۋە تەييار تۇرۇشقا) بۇيرۇيدۇ، ئاندىن غازاتقا ئىش بېشىدىكىلەرنىڭ قارارى بويىچە قىسىم - قىسىم ياكى ھەممەيلەن بىرلىكتە چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. 72 - ۋە 73 - ئايەتلەردە، مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرى ھۇرۇنلۇق قىلىپ غازاتقا چىقمايدىغان، چىققانلارغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە چىقمىغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈنىدىغان، ناۋادا چىققانلار بىرەر ياخشىلىققا (غەلىبە، غەنىيمەتكە) ئېرىشسە، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى، شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ ھەسرەت چېكىدىغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئۇرۇش تەييارلىقىڭلارنى تاماملاڭلار، دۈشمىنىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، پەخەس بولۇڭلار ۋە ھوشيار تۇرۇڭلار. باش قوماندانىڭلار (پەيغەمبىرىڭلار) قاچان قانداق شەكىلدە (قىسىم - قىسىم ياكى ھەممەيلەن بىرلىكتە) ۋە قەيەرگە ئۇرۇشقا چاقىرىق قىلسا، دەرھال ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇڭلار. ئاراڭلاردا بىر قىسىم ئىمانى ئاجىز كىشىلەر باركى، ئۇرۇشقا چىقىشتا سۆرەلمىلىك قىلىدۇ، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق ۋە قورقۇنچاقلىق قىلىپ ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ. سىلەر ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەت، ئاراڭلاردىن بەزىلەرنىڭ شەھىد بولۇشى، دۈشمەننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشى دېگەندەك بىرەر مۇسىبەتكە يولۇقساڭلار، ئۇلار سۆيۈنۈپ: «ئاللاھ ماڭا ئىنئام قىپتىكەن، ھەرنېمە بولسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشماپتىكەنمەن» دەپ تاشلايدۇ. ئۇلار ئەقلى چولتا ۋە ئىمانى ئاجىز بولغانلىقىدىن ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقىنى ئىلاھىي ئىلتىپات ھېسابلايدۇ، يامان ئادەملەرنىڭ ياخشى ئىشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ. ناۋادا سىلەر نۇسرەت، زەپەر، غەنىيمەتكە ئوخشاش بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭلار، ئۇلار خۇددى سىلەر بىلەن ئوتتۇرىسىدا ئىمانىي قېرىنداشلىق، ئىنسانىي يېقىنلىق ۋە ئۆزئارا تونۇشلۇق يوقتىكىدەك، «كاشكى ئۇلار بىلەن بىللە ئۇرۇشتا بولسام مەنمۇ غەنىيمەت ئالىدىكەنمەن، زەپەرگە ئورتاق بولىدىكەنمەن» دەپ ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنى سىلەر بىلەن پايدا - زىياندا ئورتاق دەپ بىلمەيدۇ، «قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زىيىنى بىزنىڭمۇ زىيىنىمىز، پايدىسى بىزنىڭمۇ پايدىمىز» دەپ چۈشەنمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار مۇسىبەتكە يولۇقساڭلار قايغۇرمايدۇ، ياخشىلىققا ئېرىشسەڭلار سۆيۈنمەيدۇ، ئەكسىچە زىيان تارتساڭلار ئۆزلىرى زىيان تارتىمىغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈنىدۇ، ياخشىلىققا ئېرىشسەڭلار ئۆزلىرى ئېرىشمىگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ. سىلەرنىڭ مۇسىبەتكە يولۇقۇشىڭلار ياكى ياخشىلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر، ھېچبىرى مۇھىم ئەمەس. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتلەر مۇئمىنلارغا مەككىنىڭ فەتھى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشقا ۋە يولغا چىقىش ئۈچۈن تەييار تۇرۇشقا قىلىنغان ئىلاھىي بۇيرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى كېيىنكى ئايەتلەر مەككىدە زۇلۇم ئاستىدا قالغان ئاجىز ۋە چارىسىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. (4-سۈرە نىسا، 72-ئايەت) جىھاد كاپىرلىق مۇناپىقلىق
    وَإِنَّ مِنْكُمْ لَمَنْ لَيُبَطِّئَنَّ فَإِنْ أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَالَ قَدْ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيَّ إِذْ لَمْ أَكُنْ مَعَهُمْ شَهِيدًا
    شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) بار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر مۇسىبەت (يەنى مەغلۇبىيەت ياكى قىرغىنچىلىق) كەلسە، (ئۇ مۇناپىق) «ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مەرھەمەت قىلدى، چۈنكى مەن ئۇلار بىلەن (ئۇرۇشتا) بىللە بولمىدىم (بولمىسا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قاتارىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتىم)» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) بار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر تالاپەت يەتسە، ئۇ مۇناپىق: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ماڭا ياخشىلىق قىپتىكەن، ھېلىمۇ ياخشى مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشماپتىكەنمەن (بولمىسا مەنمۇ ئۆلتۈرۈلەركەنمەن)» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا شۇنداق كىشى باركى، سۆرەلمىلىك قىلىپ ئۇرۇشقا چىقمايدۇ. ئەگەر سىلەرگە بىرەر مۇسىبەت يەتسە: «ئاللاھ ماڭا راستتىنلا ئىنئام قىلىپتىكەن، مەن ھەرنېمە بولسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشماپتىكەنمەن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  73. وَلَئِنْ أَصَابَكُمْ فَضْلٌ مِنَ اللَّهِ لَيَقُولَنَّ كَأَنْ لَمْ تَكُنْ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُ مَوَدَّةٌ يَا لَيْتَنِي كُنْتُ مَعَهُمْ فَأَفُوزَ فَوْزًا عَظِيمًا
    ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى (يەنى غەلىبە ۋە غەنىيمەت) يەتسە، گويا سىلەر بىلەن ئۇ (يەنى مۇناپىق) نىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق دوستلۇق يوقتىكىدەك، «كاشكى مەن (ئۇرۇشتا) ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسام، چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە (يەنى غەنىيمەتتىن زور نېسىۋىگە) ئېرىشكەن بولاتتىم» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى (يەنى غەلىبە) كەلسە، گويا سىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق دوستلۇق يوقتەك، «ئېسىت، مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسام، ئەلۋەتتە چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەركەنمەن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سىلەرگە ئاللاھتىن بىرەر پەزل[32] يەتسە، - گويا سىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ دوستلۇق يوقتىكىدەك: «ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسام، چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىكەنمەن، ھەي» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  74. فَلْيُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يَشْرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ ۚ وَمَنْ يُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيُقْتَلْ أَوْ يَغْلِبْ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
    دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا (جېنىنى، پۇل ـ مېلىنى پىدا قىلىپ) جىھاد قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتكە تېگىشىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتنىڭ بەدىلىگە ساتىدىغانلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشسۇن. كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى غەلىبە قىلسا، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم

    (74-76) «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» - ئىلكىدىكى ھەر نەرسىنى ئاللاھنىڭ يولى ئۈچۈن پىدا قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان، لېكىن نەپىسكە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان قىسمى ئاللاھ يولىدا جېنىنى تىكىپ ئۇرۇش قىلماقتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا جىھادنىڭ بۇ قىسمىنى (ئۇرۇشنى) قىلغانلار بىلەن ئۆزىنىڭ سودا قىلغانلىقىنى، بۇ سودىدا ئۇلارنىڭ جان ۋە ماللىرىغا جەننەتنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئايەتلەردىمۇ دۇنيا ھاياتىنى بېرىپ ئاخىرەتنى ئالماقچى بولغان كىشىلەرنى جىھادنىڭ بۇ قىسمىنى (ئۇرۇش قىلىشنى) قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەر ئېھتىمالدا (غالىب كەلسىمۇ، مەغلۇپ بولسىمۇ) بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ ئۇلارنى «ئاللاھ يولىدا» يەنى ئىنسانلارنىڭ ئىسلامغا كىرىش ۋە ئىسلامىي ھايات ياشاش ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۆز ۋاقتىدا مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى ئاستىدا ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىۋاتقان ئاجىز ۋە چارىسىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئاندىن مۇئمىنلارنىڭ «ئاللاھ يولىدا»، كافىرلارنىڭ «تاغۇت - شەيتان يولىدا» ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا شەيتاننىڭ ھىيلىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئاجىز ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ئىمانلىق قوشۇن ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: «ئاللاھ يولى» ھەققىدە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 154 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە، «تاغۇت» ھەققىدە 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 256 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. وَمَا لَكُمْ لَا تُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ الظَّالِمِ أَهْلُهَا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ نَصِيرًا
    (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): «ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاھالىسى زالىم بۇ شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىلغىن» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر؟(بۇ يەردە مەككە كۆزدە تۇتۇلىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا مەككە كۇفرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلغان ئىدى.) — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ۋە: «ئى رەببىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن *[1] بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى ئاتا قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان ئاجىز ئەر-ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە «رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم يۇرتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ۋەلىي[33] ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇش قىلمايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  76. الَّذِينَ آمَنُوا يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ الطَّاغُوتِ فَقَاتِلُوا أَوْلِيَاءَ الشَّيْطَانِ ۖ إِنَّ كَيْدَ الشَّيْطَانِ كَانَ ضَعِيفًا
    مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كاپىرلار تاغۇتنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (سىلەر ئۇلارنى يېڭىسىلەر)، شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مۆمىنلەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، كافىرلار شەيتان يولىدا ئۇرۇش قىلىدۇ؛ شۇڭا، (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر شەيتاننىڭ دوستلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدۇ. كافىرلار تاغۇتنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدۇ[34]. ئۇ ھالدا ئى مۇئمىنلار! سىلەر شەيتاننىڭ ۋەلىيلىرى بىلەن ئۇرۇشۇڭلار[35]. شۈبھىسىزكى، شەيتاننىڭ ھىيلىسى ناھايىتى ئاجىزدۇر. — ئەنەس ئالىم

  77. أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ قِيلَ لَهُمْ كُفُّوا أَيْدِيَكُمْ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَخْشَوْنَ النَّاسَ كَخَشْيَةِ اللَّهِ أَوْ أَشَدَّ خَشْيَةً ۚ وَقَالُوا رَبَّنَا لِمَ كَتَبْتَ عَلَيْنَا الْقِتَالَ لَوْلَا أَخَّرْتَنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ ۗ قُلْ مَتَاعُ الدُّنْيَا قَلِيلٌ وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ لِمَنِ اتَّقَىٰ وَلَا تُظْلَمُونَ فَتِيلًا
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگۈچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (ئاللاھتىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)» — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «(جىھاد قىلىشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېيىلگەن، ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا بولسا بىر تۈركۈمى دۈشمەندىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قورقۇپ: «ئى رەببىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھاد قىلىشنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزگە يېقىندا كېلىدىغان ئەجەل يېتىپ كەلگۈچە تەخىر قىلمىدىڭ؟» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر، تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك ئۇۋال قىلىنمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! «ئۇرۇشتىن قوللىرىڭلارنى يىغىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار» دېيىلگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغاندا، ئۇلاردىن بىر پىرقە، ئىنسانلاردىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك قورقىدۇ ياكى تېخىمۇ قاتتىق قورقىدۇ ۋە: «رەببىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشنى پەرز قىلدىڭ! بىزنى يېقىن مۇددەتكە قەدەر كېچىكتۈرسەڭ بولماسمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر. تەقۋادارلار ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر». — ئەنەس ئالىم

    (77-78) ئۆز ۋاقتىدا بەزى مۇئمىنلار قىزغىنلىق، يېنىكلىك ۋە قاراملىق قىلىشىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت سورىغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئاللاھ تائالا ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىدى، شۇڭلاشقا ئۇرۇشتىن قول يىغىڭلار، ھازىرچە نامازنى ئۆتەڭلار ۋە زاكاتنى بېرىڭلار، ئۇرۇشقا رۇخسەت بېرىلگەندە ئۇرۇشنىمۇ قىلىڭلار» دېگەن مەزمۇندا نەسىھەت قىلغان، لېكىن ئۇرۇشقا رۇخسەت بېرىلگەن ۋە ئۇرۇش پەرز قىلىنغان چاغدا ئۇلاردىن بىر پىرقە (ئىمانى ئاجىزلار ۋە مۇنافىقلار) قورقۇنچاقلىق قىلغان، قىزغىنلىقى پەسەيگەن، ھاياجانى بېسىققان، ئىرادىسى بوشاپ كەتكەن، شۇنداقلا ئۇرۇشتىن يالتايغان ۋە: «ئى ئاللاھ! بىزگە نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشنى ھازىر پەرز قىلدىڭ؟ ئەتە - ئۆگۈن پەرز قىلساڭ بولماسمىدى؟» دېگەندەك ناشايان سۆزلەرنى قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە بۇ ئىككى (77 - ۋە 78 -) ئايەتنى نازىل قىلىپ، بىرىنچىسىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ بۇ ھالىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا دۇنيا مەنپەئەتىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ئاخىرەت مەنپەئەتىنىڭ پەقەت تەقۋادارلار ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تەقۋادارلىق قىلسا، قىلچە ھەقسىزلىقكە ئۇچرىماستىن مۇكاپاتىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئىككىنچى ئايەتتە بولسا، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ئۇرۇش قىلىش ئارزۇسىدىن يېنىۋالغان بۇ قورقۇنچاقلارغا ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرگە قانداق قىلسا قىلسۇن ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئەيىبلەيدۇ. بۇ (78 -) ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى قورقۇنچاقلار! ئۆلۈم سىلەرگە كېلىۋاتىدۇ، ئۇ بىر كۈنى سىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم قەلئە، ئىشىك - تۈڭلۈكى مەزمۇت ئېتىۋېتىلگەن ئۆي ۋە ئېگىز بىنالاردا بولساڭلارمۇ ئۆلۈم سىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلار شۇنداق خاتا پىكىرلىك ۋە يامان نىيەتلىك ئادەملەركى، غەنىيمەت، باياشاتچىلىق ۋە مەمۇرچلىقتەك بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە «بۇ ئاللاھتىن» دەيدۇ. ناۋادا مەغلۇبىيەت، قۇرغاقچىلىق ۋە بالا - قازادەك بىرەر مۇسىبەتكە يولۇقسا «بۇ سەندىن» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ياخشىلىقمۇ يامانلىقمۇ ئاللاھتىن، يەنى ھەر ئىككىسىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ۋۇجۇدقا كېلىش قانۇنلىرىنىڭ بېكىتكۈچىسى ئاللاھ تائالادۇر». غەرەز ئۇقمايدىغان قانداق ئادەملەر بۇ! ئەسكەرتىش: ئۇلار: «بۇ ئاللاھتىن» دېگەندە ياخشىلىقنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى ئەمەس، ئەكسىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ياخشىلىقنى ھاسىل قىلىش يولىدىكى ياخشى يېتەكچىلىكىنى ئىنكار قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. «بۇ سەندىن» دېگەندە «بۇ يامانلىققا سەن سەۋەبچى بولدۇڭ» دېمەكچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. أَيْنَمَا تَكُونُوا يُدْرِكْكُمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنْتُمْ فِي بُرُوجٍ مُشَيَّدَةٍ ۗ وَإِنْ تُصِبْهُمْ حَسَنَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِكَ ۚ قُلْ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ فَمَالِ هَٰؤُلَاءِ الْقَوْمِ لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ حَدِيثًا
    سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن) بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى، «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قەيەردە بولساڭلار، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر». بۇ قەۋم نېمىشقا ھېچبىر سۆزنى چۈشەنمەيمۇ دېمەيدىغاندۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم سېلىنغان يۈكسەك قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيدۇ، ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر يامانلىق يەتسە: «بۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن»[36]. ئۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ھېچبىر سۆزنى چۈشىنىشكە يېقىنلاشمايۋاتىدۇ!‏ — ئەنەس ئالىم

  79. مَا أَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ۖ وَمَا أَصَابَكَ مِنْ سَيِّئَةٍ فَمِنْ نَفْسِكَ ۚ وَأَرْسَلْنَاكَ لِلنَّاسِ رَسُولًا ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
    (ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (مۇ قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز (پۈتۈن) ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) شاھىتلىققا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق ئۆزۈڭنىڭ شۇملۇقىدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ بۇنىڭغا يېتەرلىك شاھىتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ساڭا قانداق ياخشىلىق يەتسە ئاللاھتىندۇر. ساڭا قانداق يامانلىق يەتسە ئۆزۈڭدىندۇر[37]. بىز سېنى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئازغۇن قەۋملەرگە ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسىم جازاسىنى تېتىتىش ياكى ئۇلارنى غەپلەتتىن ئويغىتىش ئۈچۈن بىرەر بالا - مۇسىبەت ئەۋەتسە، ئۇلار بۇ بالا - مۇسىبەتنى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ شۇملۇقىدىن بىلەتتى ۋە بۇنى ئۇلارغا ئاشكارا ئېيتاتتى. سەمۇد قەۋمى، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىرى كەلگەن يۇرتنىڭ ئاھالىسى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. جۈملىدىن ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇنافىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بېشىغا بىرەر يامانلىق يەتسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «ئى مۇھەممەد! بۇ يامانلىق سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بېشىمىزغا كەلدى» دېگەن، بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە: «بۇ ئاللاھتىن» دېگەن ئىدى. ئالدىنقى ئايەتتە ئۇلارغا رەددىيە بېرىلىپ ئىنسانغا يەتكەن ياخشىلىقنىڭمۇ، يامانلىقنىڭمۇ ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە ئەۋەتىشى بىلەن يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ (79 -) ئايەتتە ئىنسانغا يەتكەن ياخشىلىقنىڭ سەۋەبى ئاللاھنىڭ ئىلتىپات قىلىشى، يامانلىقنىڭ سەۋەبى ئىنساننىڭ گۇناھ قىلىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، بۇ يەردىكى «ياخشىلىق»، ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا بارلىق ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلىپ ئاتا قىلغان ئومۇمىي نېمەتلەرنى، پەقەت ياخشى ئىش قىلغانلارغىلا ئىلتىپات قىلىپ ئاتا قىلغان خۇسۇسىي مۇكاپاتلارنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇ «ياخشىلىق» ئىنسانغا ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن يەتكەن «يامانلىق» بىلەن قارىمۇقارشى ھالدا كەلگەن. شۇڭلاشقا بۇ «ياخشىلىق» ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ھېسابلانمايدىغان، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ سىنىقى ياكى مۆھلەت بېرىشى ھېسابلىنىدىغان ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ يەردىكى «يامانلىق»مۇ گۇناھكار ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ بىر قىسىم جازاسى ياكى ئۇنىڭغا ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە يەتكەن بالا - مۇسىبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ «يامانلىق» ئاللاھنىڭ سىنىقى سۈپىتىدە يېتىدىغان بالا - مۇسىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل بالا - مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبى ئىنساننىڭ قىلمىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەلىپىدۇر. يىغىپ ئېيتقاندا ئىنسانغا يەتكەن ھەر ياخشىلىق ۋە ھەر يامانلىق ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە ئەۋەتىشى بىلەن يېتىدۇ. ئومۇمىي نېمەت ۋە خۇسۇسىي مۇكاپات سۈپىتىدىكى ياخشىلىقلارنىڭ سەۋەبى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. ئىلاھىي جازا ياكى ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدىكى يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى ئىنساننىڭ قىلمىشىدۇر. سىناق سۈپىتىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنىڭ سەۋەبى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدۇر. «بىز سېنى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق»، يەنى سېنىڭ ئىنسانلارغا يەتكەن ياخشىلىق ياكى يامانلىق بىلەن مۇناسىۋىتىڭ يوق. سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن، ۋەزىپەڭ ئىنسانلارغا ھەقنى يەتكۈزۈش ۋە ئۈلگە بولۇشتۇر. «ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر»، يەنى ئاللاھ كىمنىڭ مۇكاپاتقا، كىمنىڭ جازاغا ياكى ئاگاھلاندۇرۇشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ ۖ وَمَنْ تَوَلَّىٰ فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا
    كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئىتائەتتىن باش تارتىدىكەن، (ئى مۇھەممەد! بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    كىم ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان، كىم ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلسا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىدۇ. ئى مۇھەممەد! ساڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلارنى ئۆز ھالىغا قويۇۋەتكىن، ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، چۈنكى بىز سېنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتۇق، تەبلىغ ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغاندىن كېيىن سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىپ قىلمىغانلىقىنى كۆزىتىش، كونترول قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، شۇنداقلا ئىسلامغا زورلاش ۋەزىپەڭ يوق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. وَيَقُولُونَ طَاعَةٌ فَإِذَا بَرَزُوا مِنْ عِنْدِكَ بَيَّتَ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ غَيْرَ الَّذِي تَقُولُ ۖ وَاللَّهُ يَكْتُبُ مَا يُبَيِّتُونَ ۖ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئەمرىڭگە خىلاپلىق قىلىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى كەچۈرگىن)، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (تەۋەككۈل قىلغۇچىغا) ئاللاھنىڭ ھامىيلىقى يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلار: «سېنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا بولسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى يوشۇرۇن ھالدا سېنىڭ دېگىنىڭنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىك ھامىيدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاندىن يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققاندا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ سېنىڭ دېگىنىڭدىن باشقىسىنى كېچىدە پىلانلايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېچىدە پىلانلىغان نەرسىسىنى يازىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    مۇنافىقلار سېنىڭ يېنىڭدا «پەرمانبەردارمىز، باش ئۈستىگە، ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ، لېكىن يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققاندا، لەۋزىدە تۇرمايدۇ، ئەھدىسىنى بۇزىدۇ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ، شۇنداقلا سېنىڭ ئالدىڭدا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ تەتۈرىچە ئىش قىلىدۇ. ئۇلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى: بىز مەسئۇل پەرىشتىلىرىمىز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باتىل پىلانلىرىنى ۋە يامان قىلمىشلىرىنى يېزىپ تۇرۇمىز ، ۋاقتى كەلگەندە جازالايمىز. ئى مۇھەممەد! شۇڭلاشقا سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، يولۇڭدا ئۇدۇل ماڭغىن. ساڭا ئاللاھ يېتەرلىك تايانچۇقتۇر، مۇكەممەل يۆلەنچۈكتۇر ۋە قۇدرەتلىك ھامىيدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ ۚ وَلَوْ كَانَ مِنْ عِنْدِ غَيْرِ اللَّهِ لَوَجَدُوا فِيهِ اخْتِلَافًا كَثِيرًا
    ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھتىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار ئويلىغاندەك) ئاللاھتىن باشقا بىر كىشى تەرىپىدىن كەلگەن بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ئەگەر قۇرئان ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭدا نۇرغۇن زىتلىق تاپقان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇنافىقلار نېمە ئۈچۈن ھەقتىن يۈز ئۆرۈيدۇ، نېمە ئۈچۈن تەرسالىق قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن سەمىمىي بولمايدۇ؟! ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشەنمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە چۈشەنمىدى. ئۇلار ئەگەر قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشەنسە ئىدى مۇنافىقلىق قىلمىغان بولاتتى، ئەكسىچە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى، قۇرئاننى يەتكۈزگەن كىشىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كىتابىغا لايىق رەۋىشتە بويسۇنغان، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ساداقەتلىك بىلەن ئىتائەت قىلغان بولاتتى، چۈنكى قۇرئان لەۋزىنىڭ مۆجىزىلىكى ۋە مەنىسىنىڭ بىرلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. وَإِذَا جَاءَهُمْ أَمْرٌ مِنَ الْأَمْنِ أَوِ الْخَوْفِ أَذَاعُوا بِهِ ۖ وَلَوْ رَدُّوهُ إِلَى الرَّسُولِ وَإِلَىٰ أُولِي الْأَمْرِ مِنْهُمْ لَعَلِمَهُ الَّذِينَ يَسْتَنْبِطُونَهُ مِنْهُمْ ۗ وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ لَاتَّبَعْتُمُ الشَّيْطَانَ إِلَّا قَلِيلًا
    (مۆمىنلەرگە ئائىت) ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچنىڭ بىرەر خەۋىرى ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا) يەتسە، ئۇنى تارقىتىدۇ، ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) نىڭ ئىچىدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم قىلسا، (شۇ) خەۋەرنى چىقارغۇچىلار ئۇنى (يەنى شۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى) ئۇلاردىن ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى. (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ئازغىنا كىشىدىن باشقىلىرىڭلار، ئەلۋەتتە شەيتانغا ئەگىشىپ كېتەتتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    مۇناپىقلارغا مۆمىنلەرگە ئائىت ئامانلىقنىڭ ياكى قورقۇنچنىڭ بىرەر خەۋىرى يەتسە، ئۇلار ئۇنى تارقىتىدۇ، ئەگەر ئۇنى پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەر ئىچىدىكى باشقۇرغۇچىلارغا مەلۇم قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى شۇ خەۋەرنى تەھلىل قىلىدىغانلار ئۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ئەلۋەتتە بىلىۋالاتتى. (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ئاز قىسمىڭلاردىن باشقىلىرىڭلار، ئەلۋەتتە، شەيتانغا ئەگىشىپ كېتەتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىگە ئامانلىقتىن ياكى قورقۇنچتىن بىرەر ئىشنىڭ خەۋىرى كەلسە ئۇنى تارقىتىدۇ. ئۇلار ئەگەر ئۇنى رەسۇلۇللاھقا ۋە ئۆزلىرىدىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە قايتۇرسا ئىدى، ئۇلاردىن ئۇ خەۋەرنىڭ ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرالايدىغانلار ئەلۋەتتە ئۇنى بىلەتتى. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئازغىنە كىشىدىن باشقىلىرىڭلار ئەلۋەتتە شەيتانغا ئەگىشىپ كېتەتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇنافىقلار شۇنداق پىتنە - پاساتچى ۋە ئىغۋاچى ئادەملەركى، غازات قوشۇنلىرىنىڭ غالىب كەلگەنلىكى ياكى مەغلۇپ بولغانلىقى توغرىسىدا بىرەر خەۋەر يېتىپ كەلسە، ئۇنى دەرھال جەمئىيەتكە تارقىتىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا يايىدۇ ۋە ھەر تەرەپكە توشۇيدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇ خەۋەرنى ئەڭ ئالىي باش قوماندان رەسۇلۇللاھقا ۋە غازاتتىكى قوشۇنلارنىڭ ئەمىرلىرىگە تاپشۇرسا ئىدى، ئۇلار ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ چىقاتتى، سەۋەب - نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ بىلەتتى ۋە ئاقىۋىتىنى تەھلىل قىلاتتى، ئاندىن پايدىلىق بولسا جەمئىيەتكە تارقىتاتتى، زىيانلىق بولسا يوشۇراتتى. نەتىجىدە كەڭ مۇئمىنلار سەۋەبسىز قايغۇرۇش ۋە ئاساسسىز سۆيۈنۈشتىن ساقلىنىپ قالاتتى. ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، يەنى ئاللاھ سىلەرگە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئەدەپ، ئەخلاق ئۆگەتمىگەن بولسا ئىدى، سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتمىسە ئىدى، ئىچىڭلاردىن ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار شەيتانغا ئەگىشىپ كۇفرى ۋە ئازغۇنلۇقتا بولغان بولاتتىڭلار، جۈملىدىن مەزكۇر يالغان - ياۋىداق خەۋەرلەرگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان زىيانلارغا ئۇچرىغان بولاتتىڭلار، چۈنكى ئىنسان يارىتىلىشتىن جاھىلدۇر ۋە خاتالىققا مايىلدۇر. لېكىن رەببىنىڭ پاناھىغا سېغىنغان، رەببىگە تايانغان ۋە رەببى ئۆگەتكەن ئىلىم بىلەن قوراللانغان كىشىلەر ئۇنداق ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. فَقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا تُكَلَّفُ إِلَّا نَفْسَكَ ۚ وَحَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَكُفَّ بَأْسَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَاللَّهُ أَشَدُّ بَأْسًا وَأَشَدُّ تَنْكِيلًا
    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن (يەنى ئۆزۈڭ يالغۇز بولساڭمۇ جىھاد قىلغىن، ساڭا غەلىبە ۋەدە قىلىنغان. مۇناپىقلارنىڭ جىھادتىن قېلىپ قالغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمە.) سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكار سەن، مۆمىنلەرنى (جىھادقا) قىزىقتۇرغىن، ئاللاھنىڭ كاپىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر، ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغىن، بۇ ساڭىلا قويۇلغان تەلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ كافىرلارنىڭ ئۇرۇشىنى توسۇپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر. ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقىن[38]، سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا مەسئۇل قىلىنغانسەن، مۇئمىنلارنى قىزىقتۇرغىن. ئاللاھ كافىرلارنىڭ كۈچىنى توسۇشى مۇمكىن. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، قاتتىق جازالىغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇنافىقلار «ئىتائەت قىلىمىز» دەپ قويۇپ ئىتائەت قىلمايدۇ، ئۆزلىرى ئۇرۇشقا چىقمايدۇ، چىقماقچى بولغانلارغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەھۋال مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت. ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا سەن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە پەرۋا قىلماي ئاللاھ يولىدا ئۆزۈڭ يالغۇز قالساڭمۇ ئۇرۇش قىلغىن، مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلغىن. سەن ۋە سېنىڭ تەرغىبىڭنى قوبۇل قىلغان مۇئمىنلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتسەڭلار، ئاللاھ كافىرلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بىرلىكىنى تارقىتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ھۇجۇمىنى توسىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بۇ شەكىلدە جازالاندۇرۇشنى خالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. مَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً حَسَنَةً يَكُنْ لَهُ نَصِيبٌ مِنْهَا ۖ وَمَنْ يَشْفَعْ شَفَاعَةً سَيِّئَةً يَكُنْ لَهُ كِفْلٌ مِنْهَا ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ مُقِيتًا
    كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى ياخشى ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى بىر يامان (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى يامان ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ياخشى ئىش ئۈچۈن ھەمدەم بولسا، ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى يامان ئىش ئۈچۈن ھەمدەم بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ياخشى شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن نېسىۋىسى بولىدۇ. كىم يامان شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن ھەسسىسى بولىدۇ[39]. ئاللاھ ھەر نەرسىگە شاھىتتۇر ۋە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم

    شافائەت - باشقىسىغا بىرەر ئىشتا ياردەملىشىش، ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش، ئۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇش، ھەسسە قوشۇش ۋە ئۇ ئىشقا تەرغىب قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. ياخشى ئىشتا شافائەت قىلغۇچىغا ئۇ ياخشىلىقنى قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ساۋابنى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا قاراپ ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن كۆپەيتىپ يازىدۇ. يامان ئىشتا شافائەت قىلغۇچىغا بىر كىشىلىك گۇناھ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ بىر گۇناھنى ئۆز ئادالىتى بىلەن بىر گۇناھ ھالىتىدە يازىدۇ. ياخشى شافائەتتە «نەسىبۇن - نصيب»، يامان شافائەتتە «كىفلۇن - كفل» دېيىلىشى مانا بۇ پەرقنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ كىمنىڭ ياخشى شافائەت، كىمنىڭ يامان شافائەت قىلغانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ياخشى شافائەت قىلغۇچىغا مۇكاپات، يامان شافائەت قىلغۇچىغا جازا بېرىشكە قۇدرىتى يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  86. وَإِذَا حُيِّيتُمْ بِتَحِيَّةٍ فَحَيُّوا بِأَحْسَنَ مِنْهَا أَوْ رُدُّوهَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ حَسِيبًا
    سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار (يەنى بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دەڭلار) ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار (يەنى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن (يەنى بەندىلىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك ئىشلىرىدىن) ھېساب ئالغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن ھېساب ئالغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە بىرەر سالام بىلەن سالام بېرىلگەن چاغدا، ئۇنىڭدىن ياخشىراقى بىلەن سالام بېرىڭلار ياكى ئۇنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار[40]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ھېسابىنى ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا سالام بېرىش، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا ئائىلىسىگە سالام بېرىش، بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا ئۆزىنى تونۇتۇش ۋە ئۆي ئەھلىگە سالام بېرىش مۇھىمدۇر. قىلىنغان سالامنى ئىلىك ئېلىش ۋە ياخشى تىلەككە ياخشى تىلەك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش تېخىمۇ مۇھىمدۇر. بۇ ئايەت بۇ مەسىلىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! باشقىلار سىلەرگە سالام بەرسە ياكى سىلەرنى تەبرىكلىسە ۋە ياكى سىلەر ئۈچۈن ياخشى تىلەكلەردە بولسا، سىلەر ئۇلارغا سۆزلىرىنىڭ ئوخشىشى بىلەن ياكى تېخىمۇ ياخشىسى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. مەسىلەن: سىلەرگە بىرەر كىشى ياكى بىرەر جامائە: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرسە، سىلەر ئۇنىڭغا «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام ۋە رەھمەتۇللاھى» دەڭلار. ناۋادا سىلەرگە: «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى» دەپ سالام بەرسە، سىلەر ئۇنىڭغا: «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ» دەڭلار ياكى سىلەرگە بېرىلگەن سالامنىڭ ئوخشىشى بىلەن ئىلىك ئېلىڭلار. شۇنىڭدەك، «ئاللاھ سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن»، «خۇدايىم ساقلىسۇن»، «مۇبارەك بولسۇن»، «سالامەت بولۇڭ»، «ئاق يول بولسۇن»، «ئىشىڭىز ئوڭدىن كەلگەي».. دېگەندەك ياخشى تىلەكلەرگىمۇ ياخشىسى بىلەن ياكى ئوخشىشى بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن «ھۆرمەتلىك مېھمانلىرى» ئوتتۇرىسىدىكى سالاملىشىش بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ، چۈنكى مېھمانلار «سەلامەن - سلاما» دەيدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «سەلامۇن - سلامٌ» دەيدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ سالامىنىڭ مەنىسى: «ئى ئىبراھىم! ساڭا سالام»، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سالامىنىڭ مەنىسى: «ئى پەرىشتىلەر! سىلەرگە دائىم سالام بولسۇن»دىن ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ لَيَجْمَعَنَّكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۗ وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّهِ حَدِيثًا
    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئاللاھ شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا)جەزمەن يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى سۆزىدە، ۋەدىسىدە ئاللاھتىنمۇ سادىق ھېچكىم يوق) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ سىلەرنى مەھشەرگاھقا جەزمەن يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم قايىم بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ — ئەنەس ئالىم

    ئالدىنقى ئايەتلەردە ئاللاھ تالانىڭ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى، ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكى ۋە ھەر نەرسىنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقى، ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى مەھشەرگاھقا يىغىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭدا شەك يوقلۇقى بايان قىلىنىدۇ. دېمەككى، ھەقىقىي ئىلاھ ھەر نەرسىنى قۇدرىتى بىلەن ياراتقان، ياراتقان نەرسىسىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۇنى خالىغىنىچە باشقۇرۇپ تۇرىدىغان، ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئۇلاردىن بۇ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان ئاللاھتۇر. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى قۇدرىتى بىلەن ياراتقانلىقى، ھەر نەرسىنى لازىملىق نەرسە بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى خالىغىنىچە باشقۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى ئەمەلىيەتتۇر، ئاللاھنىڭ بۇ توغرىدىكى سۆزى ھەق ۋە راستتۇر. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش توغرىسىدىكى سۆزىمۇ ھەق ۋە راستتۇر، چۈنكى ئاللاھ ئەڭ راست سۆزلۈك زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  88. فَمَا لَكُمْ فِي الْمُنَافِقِينَ فِئَتَيْنِ وَاللَّهُ أَرْكَسَهُمْ بِمَا كَسَبُوا ۚ أَتُرِيدُونَ أَنْ تَهْدُوا مَنْ أَضَلَّ اللَّهُ ۖ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كاپىرلار ھۆكمىدە قىلدى، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىلەرنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى (كۇفرغا) قايتۇرۇۋەتتى، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا قالدۇرغانلارنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا زادى توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن، مۇنافىقلار ھەققىدە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتىڭلار؟ ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن تەتۈرىگە ياندۇرۇۋەتكەن تۇرسا! سىلەر ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! مۇنافىقلار توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن ئىككىگە ئايرىلدىڭلار؟ ئاللاھ ئۇلارنى يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن كۇفرىلىققا قايتۇرۇپ قويدى. ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلىشقا كىمنىڭ كۈچى يېتىدۇ؟ شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىگەن قانۇنى بويىچە بىر كىشىنى ئازدۇرسا، ئۇ كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. وَدُّوا لَوْ تَكْفُرُونَ كَمَا كَفَرُوا فَتَكُونُونَ سَوَاءً ۖ فَلَا تَتَّخِذُوا مِنْهُمْ أَوْلِيَاءَ حَتَّىٰ يُهَاجِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَخُذُوهُمْ وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ وَجَدْتُمُوهُمْ ۖ وَلَا تَتَّخِذُوا مِنْهُمْ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
    ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغىچە (يەنى ھىجرەت قىلىش ئارقىلىق ئىمانىنى ئىسپات قىلمىغىچە) ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى دوستمۇ تۇتماڭلار، ياردەمچىمۇ قىلماڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كافىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغۇچە ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار، ئەگەر ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشتىن باش تارتسا، ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى دوستمۇ تۇتماڭلار، ياردەمچىمۇ قىلماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كافىر بولغىنىدەك كافىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنداقلا ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغىچە ئۇلاردىن ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارنى تاپقان يېرىڭلاردا تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلاردىن ھېچبىر ۋەلىي ۋە ھېچبىر ياردەمچى تۇتماڭلار[41]. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇنافىقلار سىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش كافىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنداقلا ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر بولۇشۇڭلارنى ئىچ - ئىچىدىن ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغىچە دوست تۇتماڭلار. ئۇلار ئەگەر ھىجرەت قىلىشقا قۇربى يېتىپ تۇرۇقلۇق ھىجرەت قىلمىسا، ئۇلارنى تاپقان يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلاردىن ھېچبىر دوست ۋە ھېچبىر ياردەمچى تۇتماڭلار. تەپسىرلەردە بۇ ئىككى ئايەتتىكى «مۇنافىقلار»نىڭ كىملىكى توغرىسىدا بىرقانچە رىۋايەت نەقىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ كۈچلۈكى، ئۇلارنىڭ مەككىدە ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان رىۋايەتتۇر. بۇ رىۋايەتنى 89 - ئايەتتىكى «ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغىچە» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىمۇ تەكىتلەيدۇ. مەزكۇر رىۋايەت تۆۋەندىكىچە: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا مەككىدە بىر جامائە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، لېكىن ئۇلار مۇسۇلمانلارغا قارشى مۇشرىكلارغا ياردەم بېرەتتى ۋە ئۇلارنى قوللايتتى. بىر كۈنى ئۇلار بەزى ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەككىدىن چىقتى ۋە ئۆزئارا «ئەگەر مۇھەممەدنىڭ ساھابىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالساقمۇ ئۇلاردىن بىزگە بىرەر يامانلىق كەلمەيدۇ» دېيىشتى. مۇئمىنلار، ئۇلارنىڭ مەككىدىن چىققانلىقىدىن خەۋەردار بولدى ۋە بىر گۇرۇھ: «شۇ نىجىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەرگە قارشى دۈشمىنىڭلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ» دېدى، يەنە بىر گۇرۇھ: «سۇبھانەللاھ! سىلەر ئېيتقان سۆز (كەلىمە شاھادەت)نىڭ ئوخشىشىنى ئېيتقان كىشىلەرنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ئۇلار ھىجرەت قىلمىغان ۋە يۇرتىنى تەرك ئەتمىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قانلىرى ۋە ماللىرى ھالال سانىلامدۇ؟» دېدى. ئۆز ۋاقتىدىكى مۇئمىنلار ئۇ مۇنافىقلار ھەققىدە مانا بۇ شەكىلدە ئىككى گۇرۇھقا ئايرىلغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىدا بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئۇنداق دېيىشتىن چەكلىمىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  90. إِلَّا الَّذِينَ يَصِلُونَ إِلَىٰ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ أَوْ جَاءُوكُمْ حَصِرَتْ صُدُورُهُمْ أَنْ يُقَاتِلُوكُمْ أَوْ يُقَاتِلُوا قَوْمَهُمْ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَسَلَّطَهُمْ عَلَيْكُمْ فَلَقَاتَلُوكُمْ ۚ فَإِنِ اعْتَزَلُوكُمْ فَلَمْ يُقَاتِلُوكُمْ وَأَلْقَوْا إِلَيْكُمُ السَّلَمَ فَمَا جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ عَلَيْهِمْ سَبِيلًا
    پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە سىغىنغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ياكى ئۆز قەۋمىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ (يەنى سىلەر تەرەپمۇ ئەمەس، ئۆز قەۋمى تەرەپمۇ ئەمەس بولۇپ) سىلەرگە كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى مۇنداقلارنى ئۆلتۈرمەڭلار ۋە ئەسىر ئالماڭلار). ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە ھۆكۈمران قىلاتتى. ئۇلار، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى كۈچلۈك قىلىپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلاتتى)، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا (يەنى سىلەرگە چېقىلمىسا)، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە قوشۇلغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن، ياكى ئۆز قەۋمگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ يېنىڭلارغا كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىپ قوياتتى، ئاندىن ئۇلار ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    پەقەت سىلەر بىلەن ئارىسىدا كېلىشىم بولغان قەۋمگە سېغىنغان ياكى سىلەر بىلەن ياكى ئۆز قەۋمى بىلەن ئۇرۇشۇشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ يېنىڭلارغا كەلگەن كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئۈستۈڭلارغا قويۇپ بېرەتتى. ئاندىن ئۇلار سىلەر بىلەن چوقۇم ئۇرۇشاتتى. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرۇپ سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ھېچقانداق يول قىلمىدى[42]. — ئەنەس ئالىم

    لېكىن ئۇ مۇنافىقلاردىن تۆۋەندىكى ئىككى تۈركۈمىنى ئۆلتۈرمەڭلار: 1) ئاراڭلاردا كېلىشىم بولغان بىرەر قەۋمگە سېغىنغانلار، يەنى ئۇ مۇنافىقلار سىلەر ئۆزئارا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكەن بىرەر قەۋمگە سېغىنىپ ئامانلىق تىلىگەن بولسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا ئامانلىق بېرىڭلار، بولمىسا تىنچلىق كېلىشىمىنى بۇزغان بولىسىلەر. 2) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىمۇ، ئۆز قەۋمى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىمۇ خالىمىغانلىقىنى سىلەرگە بىلدۈرگەنلەر. ئەگەر بۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچمىسا، سىلەر بىلەن تىنچلىق ئىچىدە ياشىسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇلار سىلەرگە چېقىلمىسا سىلەرمۇ ئۇلارغا چېقىلماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  91. سَتَجِدُونَ آخَرِينَ يُرِيدُونَ أَنْ يَأْمَنُوكُمْ وَيَأْمَنُوا قَوْمَهُمْ كُلَّ مَا رُدُّوا إِلَى الْفِتْنَةِ أُرْكِسُوا فِيهَا ۚ فَإِنْ لَمْ يَعْتَزِلُوكُمْ وَيُلْقُوا إِلَيْكُمُ السَّلَمَ وَيَكُفُّوا أَيْدِيَهُمْ فَخُذُوهُمْ وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ ۚ وَأُولَٰئِكُمْ جَعَلْنَا لَكُمْ عَلَيْهِمْ سُلْطَانًا مُبِينًا
    ئىمانىنى ئىزھار قىلىش بىلەن سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى ۋە قەۋمىگە قايتقاندا (كۇفرىنى ئىزھار قىلىش بىلەن) ئۆز قەۋمىدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەر قاچان پىتنە ـ پاساتقا (يەنى كۇفرىغا ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا ئۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن تارتىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا، (سىلەر بىلەن) ئۇرۇشۇشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە كۆرسەڭلار شۇ يەردە (ئەسىر ئېلىڭلار) تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرگە (ئۇلارنىڭ خىيانىتى سەۋەبلىك) ئۇلارغا قارشى (ئەسىر ئېلىشقا، ئۆلتۈرۈشكە) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمانىنى ئىزھار قىلىش بىلەن سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى ۋە قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتقاندا (كۇفرنى ئىزھار قىلىش بىلەن) ئۆز قەۋمىدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەرنى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەر قاچان كۇفرغا (ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا، سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە كۆرسەڭلار شۇ يەردە تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار، (ئۇلارنىڭ خىيانىتى سەۋەبلىك) بىز سىلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى تەدبىر قوللىنىشىڭلارنى روشەن دەلىل بىلەن تەمىنلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر يېقىندا باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۇچرىتىسىلەركى، ئۇلار سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ، ئۆز قەۋمدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ[43]. ئۇلار قاچان پىتنىگە يۆنەلدۈرۈلسە، ئۇنىڭغا موللاق ئاتىدۇ[44]. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا ۋە قوللىرىنى ئۇرۇشتىن يىغمىسا ئۇلارنى كۆرگەن يېرىڭلاردا تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار. بىز سىلەرگە ئەنە شۇلارغا قارشى ئاشكارا ھوقۇق بەردۇق[45]. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئۈچىنچى بىر تۈركۈم مۇنافىقلارمۇ باركى، سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا ئىمان ئىزھار قىلىدۇ، قەۋمىنىڭ يېنىدا كۇفۇر ئىزھار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشتۇر. ئۇلار شۇنداق مۇنافىقلاركى، قاچان فىتنىگە (شېرىك كەلتۈرۈشكە، كۇفرىلىق قىلىشقا، مۇئمىنلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا دەرھال قوبۇل قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغان چېغىدا ئاللاھقا چوقۇنىدۇ، لېكىن قەۋمىنىڭ يېنىدىكى چېغىدا بۇتقا چوقۇنۇشقا چاقىرىلسا دەرھال ئاۋاز قوشۇپ بۇتقا چوقۇنىدۇ. ئەنە شۇ ئۈچىنچى تۈركۈم مۇنافىقلار سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلانمىسا ۋە سىلەر بىلەن تىنچلىق ئىچىدە ياشىمىسا، ئۇلارنى تاپقان يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار. تەپسىرلەردە بۇ ئۈچىنچى تۈركۈم مۇنافىقلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدىمۇ بىرقانچە رىۋايەت زىكىر قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مەشھۇر بولغان رىۋايەت، ئۇلارنىڭ مەككىدىكى ئابدۇددار ئەۋلادى ياكى مەدىنە ئەتراپىدىكى «غەتەفان» ۋە «ئەسەد» قەبىلىلىرىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان رىۋايەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  92. وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَنْ يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلَّا خَطَأً ۚ وَمَنْ قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَأً فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ إِلَّا أَنْ يَصَّدَّقُوا ۚ فَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ عَدُوٍّ لَكُمْ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ ۖ وَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ فَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ وَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ ۖ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ تَوْبَةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
    مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس. كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت (يەنى تۆلەم) تۆلىشى كېرەك، ئۇلار (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسا، (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ). ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇئاھىدە بولغان (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك. ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تەۋبىسىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سەۋەنلىك بولۇپ قالمىسىلا، مۆمىن ئادەم مۆمىن ئادەمنى ئۆلتۈرمەيدۇ. كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا تۆلەم بېرىشى كېرەك، ۋارىسلار تۆلەمنى كەچۈرۈم قىلسام، قاتىل ئۇنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پەقەت بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىسىلا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن قەۋمدىن بولسا، قاتىل ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا تۆلەم بېرىدۇ ۋە بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىدۇ. قۇل ئازاد قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئادەم ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ئۈچۈن ئۈزمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىننىڭ مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشكە ھەددى ئەمەس. بۇ پەقەت سەۋەنلىك بىلەن بولۇشى مۇمكىن. كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ۋارىسلار دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بولغان قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا كېلىشىم بولغان بىر قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى ۋە بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. كىمكى تاپالمىسا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بىر مۇئمىننىڭ باشقا بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشى قەتئىي دۇرۇس بولمايدۇ، لېكىن مۇئمىن مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، بۇ تەقدىردە سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىن ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: 1) مۇئمىنلاردىن بولغان مۇئمىن. بۇنداق بولغاندا قاتىل مۇئمىنغا، بىر مۇئمىن قۇل (ئەر - ئايال پەرقى يوق) ئازاد قىلىش ۋە سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىننىڭ ئەھلىگە (ۋارىسلىرىغا) دىيەت تۆلەش جازاسى بېرىلىدۇ، لېكىن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىننىڭ ۋارىسلىرى دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىپ ئالمىسا، ئۇنىڭ دىيەت تۆلىشىگە ھاجەت يوق. 2) مۇئمىنلارغا دۈشمەن قەۋمدىن بولغان مۇئمىن. بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىنغا، بىر مۇئمىن قۇل (ئەر - ئايال پەرقى يوق) ئازاد قىلىش جازاسىلا بېرىلىدۇ. 3) مۇئمىنلار بىلەن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى بار قەۋمدىن بولغان مۇئمىن. بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىنغا، سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىننىڭ ئەھلىگە دىيەت تۆلەش ۋە بىر مۇئمىن قۇل (ئەر - ئايال پەرقى يوق) ئازاد قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئازاد قىلىش ئۈچۈن مۇئمىن قۇل تاپالمىسا، بىر مۇئمىن قۇل ئازاد قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك. ئەنە شۇلار سەۋەنلىك بىلەن مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشنىڭ جازالىرى. ئەمما قەستەنلىك بىلەن مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشنىڭ جازاسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  93. وَمَنْ يَقْتُلْ مُؤْمِنًا مُتَعَمِّدًا فَجَزَاؤُهُ جَهَنَّمُ خَالِدًا فِيهَا وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَلَعَنَهُ وَأَعَدَّ لَهُ عَذَابًا عَظِيمًا
    كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، لەنەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئازاب تەييارلايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا دۇنيادا قىساس جازاسى (ناۋادا قەستەن ئۆلتۈرۈلگەن مۇئمىننىڭ ۋارىسلىرى دىيەتكە رازى بولغان تەقدىردە قىساسنىڭ ئورنىغا دىيەت جازاسى) بېرىلىدۇ، ئاخىرەتتە دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىش جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ جازالار بىلەن بىرلىكتە ئۇ ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە لەنىتىگە مەھكۇم قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بۈيۈك ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قېلىپ ئازاب چېكىشى، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە لەنىتىگە دۇچار قىلىنىشى، ئۇ قاتىلنىڭ مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشنى ھالال دەپ ئۆلتۈرۈشى ۋە تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈشىگە باغلىقتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا تەۋبە بىلەن بارلىق گۇناھلارنى، جۈملىدىن ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇناھىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  94. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا ضَرَبْتُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَتَبَيَّنُوا وَلَا تَقُولُوا لِمَنْ أَلْقَىٰ إِلَيْكُمُ السَّلَامَ لَسْتَ مُؤْمِنًا تَبْتَغُونَ عَرَضَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَعِنْدَ اللَّهِ مَغَانِمُ كَثِيرَةٌ ۚ كَذَٰلِكَ كُنْتُمْ مِنْ قَبْلُ فَمَنَّ اللَّهُ عَلَيْكُمْ فَتَبَيَّنُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىغا (يەنى غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار (يەنى مۆمىن ياكى كاپىرلىقى ئېنىق بولغىچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە ـ دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىنى (غەنىيمەتنى) كۆزلەپ ـ سەن مۆمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار). ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى ساۋاب) بار. ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىغا (يەنى ئۇرۇشقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا (ئۇچرىغانلارنىڭ ئىمانى بار-يوقلۇقىنى) ئېنىقلاپ ئىش كۆرۈڭلار. سىلەرگە ئىسلامىي سالام بەرگەن ئادەمگە ـ دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىنى كۆزلەپ ـ سەن مۆمىن ئەمەس دېمەڭلار (يەنى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بار. ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كافىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، شۇڭا (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ئېنىقلاپ ئىش قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ يولىدا چىققان ۋاقتىڭلاردا ئېنىقلاپ ئىش قىلىڭلار، سىلەرگە تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىگە دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى كۆزلەپ: «سەن مۇئمىن ئەمەس» دېمەڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا كۆپ غەنىيمەتلەر بار. بۇرۇن سىلەرمۇ ئاشۇنداق ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنىقلاپ ئىش قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئالدىنقى ئايەتلەردە مۇئمىننىڭ مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرۈشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى، بىر مۇئمىن باشقا بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغان تەقدىردە قاتىلغا بېرىلىدىغان جازالار بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگەن كىشىگە بېرىلىدىغان جازالار بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چىققان مۇئمىنلارنىڭ بىرەر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن دىققەت قىلىشى لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ. يەنى ئاللاھ يولىدا غازاتقا چىققان مۇئمىنلارنىڭ يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۆزىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن كىشىنى دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى (غەنىيمەتنى) كۆزلەپ ئېنىقلىمايلا كافىرغا چىقىرىۋېتىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا كافىرغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىنى قىلىشى چەكلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ يولىدا غازات قىلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىڭلاردىن چىقىپ يولدا كېتىۋاتقان چېغىڭلاردا قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغان ئىشلىرىڭلارنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار، تەكشۈرۈپ ئىش قىلىڭلار ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ قارار بېرىڭلار. بولۇپمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشتە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار ۋە ياخشى تەكشۈرۈڭلار، چۈنكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش قەتئىي ھارامدۇر، بۇ ھارامنى قىلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىڭلار. سىلەرگە ئىسلام سالامى بىلەن سالام بېرىش، ئىسلامغا قىلغان دەۋىتىڭلارنى قوبۇل قىلىش ۋە «شاھادەت كەلتۈرۈش» قاتارلىقلارنىڭ بىرى بىلەن ئىمان ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىنى: «سەن ھەقىقىي مۇئمىن ئەمەس، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭ» دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان لەۋزىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىڭلار، چۈنكى كىشىنىڭ دىلىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. سىلەر دەلىلگە قاراپ ئىش قىلىڭلار. سىلەرمۇ ئىلگىرى شۇ كىشىدەك قەۋمىڭلاردىن قورقۇپ ئىمانىڭلارنى يوشۇراتتىڭلار، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن غەلىبە قازاندىڭلار ۋە مۇئمىنلىقىڭلارنى ئاشكارا قىلالايدىغان بولدۇڭلار. شۇڭلاشقا ئېنىقلاپ ئىش قىلىڭلار، ئالدىراپ ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، قەۋمى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇمغا زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  95. لَا يَسْتَوِي الْقَاعِدُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ غَيْرُ أُولِي الضَّرَرِ وَالْمُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۚ فَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ عَلَى الْقَاعِدِينَ دَرَجَةً ۚ وَكُلًّا وَعَدَ اللَّهُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَفَضَّلَ اللَّهُ الْمُجَاهِدِينَ عَلَى الْقَاعِدِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
    مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز (ئەما، توكۇر، كېسەلگە ئوخشاش ئۆزرىسى بارلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا) جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىلەر (يەنى ئۆزرىسى بولۇپ جىھادقا چىقالمىغانلار ۋە جىھادقا چىققۇچىلار) نىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن) ئارتۇق قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۆمىنلەردىن ئۆزرىسىز جىھادقا چىقمىغانلار ئاللاھ يولىدا پۇل-ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ پۇل-ماللىرىنى، جانلىرىنى تىكىپ جىھاد قىلغۇچىلارنى جىھادقا چىقمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. بۇ ئىككى خىل كىشىنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارنى بۈيۈك ئەجىر بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ) جىھادقا چىقمىغانلاردىن ئۈستۈن قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزرىسى بولمىغان تۇرۇقلۇق جىھادقا چىقماي ئولتۇرغۇچى مۇئمىنلار ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغۇچى مۇئمىنلار بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھ ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغۇچىلارنى ئولتۇرغۇچىلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ ھەر بىرىگە ئەڭ ياخشىنى ۋەدە قىلدى[46]. ئاللاھ جىھاد قىلغۇچىلارنى ئولتۇرغۇچىلاردىن كاتتا ئەجىر بېرىپ ئۈستۈن قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (95-96) «ئاللاھ يولىدا مېلى ۋە جېنى بىلەن جىھاد قىلىش» - ئاللاھ يولى ئۈچۈن مېلىنى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش دېگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى مەنىسى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مېلىنى بېرىش ۋە ئۆزىمۇ بىۋاسىتە جېنىنى تىكىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە بۇ شەكىلدە جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، بۇ خىل جىھادنى قىلغانلارنى ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق قىلمىغانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ دەرىجىنىڭ «بۈيۈك مۇكاپات» ئىكەنلىكىنى، بۈيۈك مۇكاپاتنىڭ ئۆزى ئاتا قىلىدىغان دەرىجىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتىن ئۆزرىسى بولغانلىقتىن جىھادقا قاتنىشالمىغانلارنىڭمۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سادىق بولغان تەقدىردە مۇجاھىدلار بىلەن بىر دەرىجىدە بولىدىغانلىقى مەزمۇنى چىقىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ يەردىكى جىھاد «پەرز ئەين - ئۆزرىسىز بولغان ھەر مۇئمىن بىۋاسىتە قاتناشمىسا زىممىسىدىن ساقىت بولمايدىغان پەرىز» جىھادنى ئەمەس، ئەكسىچە «پەرز كۇپايە - قاتناشقانلار قىلسا قاتناشمىغانلاردىن ساقىت بولىدىغان پەرز » جىھادنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى «پەرز ئەين» بولغان جىھادقا ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق قاتناشماسلىق چوڭ گۇناھ بولۇپ جازاسى ئېغىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  96. دَرَجَاتٍ مِنْهُ وَمَغْفِرَةً وَرَحْمَةً ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئاللاھ (ئۇلارغا) ئۈستۈن مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارغا يۈكسەك مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز تەرىپىدىن دەرىجىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  97. إِنَّ الَّذِينَ تَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ قَالُوا فِيمَ كُنْتُمْ ۖ قَالُوا كُنَّا مُسْتَضْعَفِينَ فِي الْأَرْضِ ۚ قَالُوا أَلَمْ تَكُنْ أَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةً فَتُهَاجِرُوا فِيهَا ۚ فَأُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
    ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئېتىپ كۇففارلار بىلەن بىللە تۇرغۇچىلار) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «(دىنىڭلارنىڭ ئىشىدا) قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «زېمىندا (يەنى مەككە زېمىنىدا) بىز (دىننى بەرپا قىلىشتىن) بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇ (ھىجرەت قىلمىغان) لارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى ھىجرەتنى تەرك ئەتكۈچىلەر) نىڭ جانلىرى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان چاغدا، پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەر بۇرۇن قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «زېمىندا بىز بوزەك قىلىنغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ھىجرەت قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟» دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ۋاپات قىلدۇرغان چاغدا ئۇلارغا: «قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟» دەيدۇ. ئۇلار: «زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟ ئۇ زېمىندا ھىجرەت قىلساڭلار بولماسمىدى!» دەيدۇ[47]. ئەنە شۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم

    (97-100) بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىشى مۇھىمدۇر. ياشاۋاتقان يېرىدە ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىيالمايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەرنى تاشلاپ دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلىشى (كۆچۈپ كېتىشى) پەرزدۇر. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مەشھۇر ئىككى ھىجرەت (پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بىر بۆلۈك ساھابىلەرنىڭ باشتا ھەبەشىستانغا قىلغان ھىجرىتى، ئاندىن قادىر بولالىغان ساھابىلەرنىڭ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىگە قىلغان ھىجرىتى) قىيامەتكە قەدەر بارلىق مۇسۇلمانلارغا بۇ پەرزنىڭ قانداق ئادا قىلىنىشى توغرىسىدا ئۈلگە بولىدۇ. بۇ (97 ~ 100 -) ئايەتلەردە ئەنە شۇ «ھىجرەت» ئىبادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر، يەنى قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق ھىجرەت قىلمىغانلارنىڭ جازاسى، قادىر بولالمىغان ئاجىز ۋە چارىسىزلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە مۇكاپاتى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنىدۇ. «ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟». بۇ ئىپادىدە مەنپىيلىك ئىپادىلەيدىغان ئىككى كەلىمە بىرلىكتە كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مەنە: «ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئىدىغۇ!» دېگەن شەكىلدە مۇسىبەتكە ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ داۋامىمۇ: «كەڭرى بولغاندىكىن، ھىجرەت قىلساڭلار بولمامتى؟» دېگەن تاپا قىلىش جۈملىسىنىڭ مەنىسىدە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  98. إِلَّا الْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ لَا يَسْتَطِيعُونَ حِيلَةً وَلَا يَهْتَدُونَ سَبِيلًا
    پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن چارىسىز قالغان (يەنى ھىجرەت قىلىشقا چارە تاپالمىغان)، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا — مۇھەممەد سالىھ

    ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن (ھىجرەت قىلىشقا) چارە تاپالمىغان، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا — تەرجىمە ھەيئىتى

    پەقەت چارىسىز قالغان ۋە يول تاپالمىغان بوزەك قىلىنغۇچى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.‏ — ئەنەس ئالىم

  99. فَأُولَٰئِكَ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَعْفُوَ عَنْهُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَفُوًّا غَفُورًا
    ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىدىن ئۈمىد بار. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  100. وَمَنْ يُهَاجِرْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يَجِدْ فِي الْأَرْضِ مُرَاغَمًا كَثِيرًا وَسَعَةً ۚ وَمَنْ يَخْرُجْ مِنْ بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ۋاپات تاپسا، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، زېمىندا پاناھلىنىدىغان كۆپ جاي ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىم ئۆيىدىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ھىجرەت قىلىپ چىقىپ ئۆلۈپ كەتسە، ئاللاھ چوقۇم ئۇنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  101. وَإِذَا ضَرَبْتُمْ فِي الْأَرْضِ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَقْصُرُوا مِنَ الصَّلَاةِ إِنْ خِفْتُمْ أَنْ يَفْتِنَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ إِنَّ الْكَافِرِينَ كَانُوا لَكُمْ عَدُوًّا مُبِينًا
    سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كاپىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قەسرى قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كاپىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر (ناماز ئوقۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يانمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    سەپەرگە چىققان ۋاقتىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن قورقۇپ، نامازنى قىسقارتىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىپ) ئوقۇساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. كافىرلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! سەپەرگە چىققان چېغىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، نامازدىن قىسقارتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق[48]. شۈبھىسىزكى، كافىرلار سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر. — ئەنەس ئالىم

    (101-102) بۇ ئايەتلەردە ئۆتكەن ۋە ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئېنىق ئىسىم بولغان «ئەسسەلات - الصَّلَاة» بولۇپ، سەپەرگە چىققان مۇئمىنلار بىلىدىغان ۋە ئۆتەپ كەلگەن نامازنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭلاشقا بىرىنچى ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئادەتتە سەپەر ئۈستىدە ئۆتەيدىغان ئىككى رەكئەتلىك نامازنى، سەپەر ئۈستىدە بولۇۋاتقان چېغىڭلاردا كافىرلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقساڭلار، قىسقارتىپ بىر رەكئەتكە چۈشۈرۈپ ئۆتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. دېمەككى، مۇئمىنلارنىڭ «سەپەر ئۈستىدە بولۇش»ىغا «كافىرلارنىڭ زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش»لىرى قوشۇلسا، ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە ئۆتەپ كەلگەن ئىككى رەكئەتلىك نامازلىرىنى قىسقارتىپ بىر رەكئەت قىلىپ ئۆتىشى جائىز بولىدۇ. 101 - ئايەت بۇ ھۆكۈمنى، 102 - ئايەت بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىش شەكلىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن «خەۋپ نامىزى»نى ئىمام ئىككى رەكئەت، ئىككىگە ئايرىلغان جامائەتنىڭ ھەر بىرى بىرەر رەكەتتىن ئۆتەيدۇ. ئەسلىدە سەپەردە نامازنى قىسقارتىش بۇ شەكىلدە بولىدۇ، يەنى سەپەردە نامازشامدىن باشقا نامازلار ئىككى رەكئەتتىن ئۆتىلىدۇ. بۇ قەسىر ئەمەس، سەپەردىكى تولۇق نامازدۇر. نامازنى قىسقارتىش، سەپەردە دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇرققاندا ئۇ ئىككى رەكئەتنى بىر رەكئەتكە چۈشۈرۈپ ئۆتىمەكتۇر. بۇ ناماز تۆۋەندىكىچە ئۆتىلىدۇ: ئەسكەرلەر ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ئىمام سەپەردە ئۆتىلىدىغان ئىككى رەكئەتلىك نامازنى تولۇق (ئىككى رەكئەت) ئۆتەيدۇ، جامائەتنىڭ ھەر بىرى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا نۆۋەتلىشىپ بىر رەكئەتتىن ناماز ئۆتەيدۇ، ناماز ئۆتىمىگەن جامائە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا قارشى كۆزەتچىلىك قىلىدۇ، ناماز ئۆتەۋاتقان جامەئە قورال - ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ناماز ئۆتەيدۇ. ناۋادا خەۋپ بەك قاتتىق بولسا، جامائەت شەكىللەندۈرمەستىن ھەر ئەسكەر نامىزىنى مۇمكىن بولغان شەكىلدە، يالغۇز ئۆز ئالدىغا مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (تانكا، ماشىنا ۋە ھاكازالار) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، قىبلىگە ياكى ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ئۆتەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. وَإِذَا كُنْتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِنْ وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُمْ مَيْلَةً وَاحِدَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ كَانَ بِكُمْ أَذًى مِنْ مَطَرٍ أَوْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَنْ تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
    (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممىڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، سەجدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن، (ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر قىسمى كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇسۇن، ھوشيار تۇرسۇن، قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى، ماددىي ئەشيالىرىڭلارنى تاشلاپ قويۇپ بىخەستەلىك قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق تۇغۇلسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن خارلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئىمام بولۇپ نامازنى تولۇق ئۆتىگەن چېغىڭدا، ئۇلاردىن بىر جامائە سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن. ئۇلار قورال - ياراغلىرىنى تۇتسۇن. ئۇلار سەجدە قىلىپ بولغاندا ئارقاڭلاردا قوغدىغۇچى بولۇپ تۇرسۇن. ناماز ئۆتىمىگەن يەنە بىر جامائە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە ناماز ئۆتىسۇن. بۇلارمۇ ھوشيار تۇرسۇن ۋە قورال - ياراغلىرىنى تۇتسۇن. كافىرلار سىلەرنىڭ قورال - ياراغلىرىڭلاردىن ۋە نەرسە - كېرەكلىرىڭلاردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەرگە يامغۇردىن بىرەر ئەزىيەت بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، قورال - ياراغلىرىڭلارنى قويۇپ قويۇشۇڭلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كافىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى. — ئەنەس ئالىم

  103. فَإِذَا قَضَيْتُمُ الصَّلَاةَ فَاذْكُرُوا اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِكُمْ ۚ فَإِذَا اطْمَأْنَنْتُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۚ إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا
    نامازنى تۈگەتكىنىڭلاردا ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتتە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى مۇمكىن). خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى (پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن) مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن (پەرز) پەرز قىلىندى — مۇھەممەد سالىھ

    نامازدىن بوشىغان ۋاقتىڭلاردا ئۆرە تۇرۇپمۇ، ئولتۇرۇپمۇ ۋە يېتىپ تۇرۇپمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    نامازنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان ھالەتلىرىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى تولۇق ئۆتەڭلار‎.‎‏ شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلىنىپ پەرز قىلىنغان ۋەزىپىدۇر[49].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە سەپەر ئۈستىدە دۈشمەن ھۇجۇمىدىن قورقۇش ئەسناسىدا نامازنىڭ مىقدارىنىڭ چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى، بەزى شەرت ۋە شەكىللىرىگە رىئايە قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئالدى بىلەن نامازنى ئادا قىلغاندا ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا ئەمر قىلىدۇ، ئاندىن يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. «نامازنى ئادا قىلغاندا ئاللاھنى زىكىر قىلىش»نىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇجاھىدلار! نامازنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، يەنى «سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللاھ، لا ھەۋلە ۋە قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ...» دېگەن سۆزلەرنى تىلىڭلارغا جارى قىلىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنى (ئااللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا، بۈيۈكلۈكىگە، بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە بولغان ئېتىقادىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنىڭ ئاجىز، ئاللاھنىڭ قادىر ئىكەنلىكىگە، نۇسرەتنىڭ ئاللاھتىن كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئېتىراپىڭلارنى) ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. بۇ مەنىنى 8 - سۈرە (ئەنفال)نىڭ 45 - ئايىتىنىڭ مەزمۇنىمۇ تەكىتلەيدۇ. بەزى تەپسىرلەردە ئايەتنىڭ بۇ ئىپادىسىنىڭ «نامازنى ئۇرۇش قىلىۋېتىپ مۇمكىن بولغان بويىچە، ئۆرە تۇرغان ياكى ئولتۇرغان ۋە ياكى ياتقان ھالىتىڭلاردا ئۆتەڭلار» دېگەن مەنىگىمۇ ئېھتىمالى بارلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. «خاتىرجەم بولغان چېغىڭلاردا نامازنى تولۇق ئۆتەڭلار»، يەنى كافىرلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇش تۈگەپ كۆڭلۈڭلار ئارامىغا چۈشكەن چاغدا نامازنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە قىسقارتماستىن (بىر رەكئەتكە چۈشۈرمەستىن)، شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ۋە ئەركانلىرىنى تولۇق ئادا قىلغان ھالدا ئۆتەڭلار. «شۈبھىسىزكى، ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلىنىپ پەرز قىلىنغان ۋەزىپىدۇر»، يەنى بەزى جىددىي پەيتلەردە نامازنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرىگە رىئايە قىلماسلىق رۇخسىتى، نامازنىڭ رەكئەت سانىنىڭ ئازايتىلىشى، «خەۋپ نامىزى» جامائەت بولۇپ ئۆتەلگەندە ئاخىرقى ئولتۇرۇشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبى شۇكى، «ناماز ۋاقتى بەلگىلىنىپ پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر». بىر نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، ئىنسانلارنىڭ ئۇ ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرۇشى مۇمكىن بولمىغاندەك، بىر نامازنى ئۆز ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا ئۆتەپ ئادا قىلىشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە بەش ۋاقىت نامازنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئايرىم ۋاقىت بەلگىلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتلار مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. وَلَا تَهِنُوا فِي ابْتِغَاءِ الْقَوْمِ ۖ إِنْ تَكُونُوا تَأْلَمُونَ فَإِنَّهُمْ يَأْلَمُونَ كَمَا تَأْلَمُونَ ۖ وَتَرْجُونَ مِنَ اللَّهِ مَا لَا يَرْجُونَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
    دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئاللاھتىن ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسە (يەنى شېھىت بولۇشى، ساۋاب)نى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ قەۋمنى قوغلاشتا بوشاڭلىق قىلماڭلار[50]. ئەگەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ سىلەر قىينالغاندەك قىينىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر ئاللاھتىن ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى ئۈمىد قىلىسىلەر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ يەردىكى «قەۋم» ئېنىق ئىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن 101 - ئايەتتىكى كافىرلارنى كۆرسىتىدۇ ۋە مەنىسى «سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان كافىر قەۋمنى» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا، غازات ئەسناسىدا ۋاقتى كىرىپ قالغان نامازنى قانداق ئۆتەشلىرى توغرىسىدا تەلىمات بېرىدۇ، شۇنداقلا ھېچبىر ئىبادەتنى يەنە بىر ئىبادەتكە قۇربان قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، ئەكسىچە ھەر ئىبادەتنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش لازىملىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قۇلايلىقلار بېرىلگەنلىكى قاتارلىقلارغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، مۇئمىنلارنى، نامازنى ئۇ شەكىلدە ئۆتەشكە سەۋەبچى بولغان كافىر قەۋمنى ئىزدەشتىن، كۆزىتىشتىن ۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىشتىن توسىدۇ ۋە ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاشلا قىينىلىدىغانلىقىنى، لېكىن نىيەت - ئىقبالدا ئوخشاشمايدىغانلىقىنى زىكىر قىلىپ مۇئمىنلارنى روھلاندۇرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ۋە زەپەر قۇچۇشنىڭ مۇستەھكەم ئىمانغا ئىگە بولۇش ۋە لايىق رەۋىشتە غەيرەت كۆرسىتىشكە باغلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە مۇنافىق ۋە كافىرلارنىڭ مۇئمىنلارغا قىلىدىغان يامانلىق ۋە زىيانكەشلىكلىرى، ئۇلارغا قارشى ئېلىشقا تېگىشلىك چارە - تەدبىرلەر ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئەسناسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك خۇسۇسلار ۋە نامازلارنى پەرقلىق ئۆتەش ھەققىدىكى رۇخسەتلەر بىلدۈرۈلىدۇ. 105 ~ 113 - ئايەتلەردە بولسا، مۇنافىقلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغانلىقى، دەۋا - دەستۇرلارنىڭ قۇرئان كەرىم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى ئۈچۈن قىلىدىغان ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە دىققەت قىلىش لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىش ھېكمىتى بىلدۈرۈلىدۇ، ۋەزىپىسى ئەسلىتىلىدۇ، كەمچىلىكى ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەپۇ تىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، مۇنافىقلارغا ئالدىنىپ ئىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، مۇنافىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسى ئېچىپ تاشلىنىدۇ، ئاخىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەمچىلىكى يۈزىگە سېلىنىدۇ ۋە ئاخىرەتتە مۇنافىقلارنىڭ قوغدىغۇچىسى بولمايدىغانلىقى ئەسلىتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە «تۇئمە ئىبنى ئۇبەيرىق» ئىسىملىك بىر مۇنافىق ئۆزىنىڭ بىرقانچە مۇنافىق قېرىنداشلىرى بىلەن بىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ئاندىن رەسۋاچىلىقتىن قورقۇپ بۇ جىنايەتنى بىر يەھۇدىيغا ئارتىپ تۆھمەت قىلغان ۋە دەۋالىشىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا تۇئمە ئۆزىنىڭ گۇناھىسزلىقىنى ئېيتقان، قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ گۇناھسىزلىقىغا دائىر قەسەم قىلغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىشىنىپ يەھۇدىينى جازالىماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  105. إِنَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ بِمَا أَرَاكَ اللَّهُ ۚ وَلَا تَكُنْ لِلْخَائِنِينَ خَصِيمًا
    (ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خىيانەتكارلارغا بولۇشمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ كىتابنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭ ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولمىغىن! — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلاھىي ھۆكۈملەر بىلەن ھۆكۈم قىلىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. شۇڭلاشقا ئاللاھ ئۇ قۇرئاندا ساڭا كۆرسەتكەن بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى «مېنىڭ» دەپ دەۋا قىلغان ياكى بىراۋنىڭ ھەققىگە تېنىۋالغان، يالغان قەسەم ياكى يالغان گۇۋاھچى بىلەن مەنپەئەت يۇلۇۋېلىش قەستىگە چۈشكەن (خائىن) ئادەملەرنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولمىغىن، دەۋا - دەستۇرلاردا ھەقسىزلىق قىلغانلارغا ۋەكىللىك ۋە تەرەپدارلىق قىلمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  106. وَاسْتَغْفِرِ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ناھەق ھۆكۈم قىلىشنى كۆڭلۈڭگە پۈككەنلىكىڭ، شۇنداقلا ھەقسىزلىقكە سەۋەبچى بولۇشقا ئۇرۇنغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسەڭ ئاللاھ ساڭا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە مەرھەمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  107. وَلَا تُجَادِلْ عَنِ الَّذِينَ يَخْتَانُونَ أَنْفُسَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ خَوَّانًا أَثِيمًا
    . (گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    خىيانەت قىلىپ ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلارغا بولۇشمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا پاتقان كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشمىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خائىنلىققا ئادەتلەنگۈچىنى ۋە گۇناھ قىلغۇچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! گۇناھسىز ئادەمگە تۆھمەت قىلىپ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزمەكچى بولغانلارنى ئاقلىمىغىن، ئۇلارنى مۇداپىئە قىلمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقى توغرىسىدا باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشمىگىن. ئاللاھ خائىن ۋە گۇناھكارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، جۈملىدىن ئۇ خائىن ۋە گۇناھكارلارنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  108. يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ الْقَوْلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا
    ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھتىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قىلمىشلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرالىغىنى بىلەن، ئاللاھتىن يوشۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان گەپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قىلمىشىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ئاللاھتىن يوشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ[51]. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى كېچىدە پىلانلاۋاتقان چاغدا ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ خائىنلار خىيانەتلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ ۋە ئىنسانلار كۆرۈپ قالسا سەت بولىدۇ دەپ ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى ئاللاھتىن يوشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ، يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەر يەردە ھازىر ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىشنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھتىن ھايا قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنىڭ مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ خائىنلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئويلىسا ئىدى، مەزكۇر خىيانەتنى قىلمىغان بولاتتى، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن خىيانەتنى ئاللاھتىن يوشۇرۇشنىڭ بىرلا چارىسى قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ خىيانەتنى قىلماسلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  109. هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ جَادَلْتُمْ عَنْهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَمَنْ يُجَادِلُ اللَّهَ عَنْهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَمْ مَنْ يَكُونُ عَلَيْهِمْ وَكِيلًا
    سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ھاياتى دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئاللاھقا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟ (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىنى كىم ئۇلاردىن دەپئى قىلىدۇ؟) ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار (يەنى خىيانەتكارلار)نىڭ تەرەپدارى بولۇپ مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلارنىڭ تەرەپدارى بولۇپ ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولالايدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ۋەكىل[52] بولىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۇلارنى بۇ دۇنيادىغۇ ئاقلىدىڭلار، قوغدىدىڭلار، ئۇلارغا ھامىيلىق قىلدىڭلار! ئۇلارنى قىيامەت كۈنى كىم ئاقلايدۇ؟ مەھشەرگاھتا ئۇلارنى كىم ھىمايە قىلىدۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى كىم ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ؟ يەنى قىيامەت كۈنى كىم ئۇلارنىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، يول ماڭىدۇ؟ ئۇلارنى ھېساب مەيدانىدا كىم ئاقلايدۇ؟ ئى مۇئمىنلار! سىلەر بۇنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  110. وَمَنْ يَعْمَلْ سُوءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ اللَّهَ يَجِدِ اللَّهَ غَفُورًا رَحِيمًا
    كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇ ئاللاھنىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى بىرەر يامانلىق قىلىپ ياكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    كىم گۇناھسىز ئادەمگە تۆھمەت قىلىش، بىراۋنى تىللاش، غەيۋىتىنى قىلىش ۋە جىنايەتچىنى ئاقلاشقا ئوخشاش زىيىنى بىراۋغىمۇ يېتىدىغان بىرەر يامانلىقنى ئىشلىسە ياكى ھارام نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ۋە بىرەر ئىبادەتنى تەرك ئېتىشكە ئوخشاش زىيىنى ئۆزىگىلا بولىدىغان بىرەر گۇناھنى قىلسا، ئاندىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتسە، ئاللاھ ئۇ كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە مەرھەمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  111. وَمَنْ يَكْسِبْ إِثْمًا فَإِنَّمَا يَكْسِبُهُ عَلَىٰ نَفْسِهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
    كىمكى (قەستەن) بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا قىلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ۋابالىنى ئۆزى تارتىدۇ). ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنى پەقەتلا ئۆزىنىڭ زىيىنىغا قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    كىم گۇناھ قىلسا ئۆزىنىڭ زىيىنىغا گۇناھ قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشنىڭ بەدىلىنى تولۇق بېرىدۇ، ھېچكىمنى باشقىسىنىڭ قىلمىشى بىلەن جازالىمايدۇ ياكى مۇكاپاتلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  112. وَمَنْ يَكْسِبْ خَطِيئَةً أَوْ إِثْمًا ثُمَّ يَرْمِ بِهِ بَرِيئًا فَقَدِ احْتَمَلَ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
    كىمكى كىچىك بىر گۇناھ ياكى چوڭ بىر گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى سەۋەنلىك بىلەن ياكى قەستەن بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى بىرەر خاتالىقنى ياكى بىرەر گۇناھنى قىلىپ ئاندىن ئۇنى گۇناھسىز بىرەر ئادەمگە ئارتىپ قويسا، ئۇ ئەلۋەتتە بوھتان ۋە ئوچۇق گۇناھ يۈدۈۋالغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    كىم بىرەر خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ ياكى بىرەر گۇناھنى قىلىپ ئاندىن ئۇ خاتالىقنى ياكى ئۇ گۇناھنى پاك بىر ئادەمگە دۆڭگەپ قويسا، ئەنە شۇ كىشى بوھتان ۋە ئاشكارا گۇناھ يۈدۈۋالغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى گۇناھ قىلىش، ئاندىن ئۆزىنى ئاقلاش، گۇناھ قىلمىغان پاك بىر كىشىنى قارىلاش ۋە ئۇنىڭ ھەقسىز جازاغا مەھكۇم قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇش قاتارلىق قاتمۇقات گۇناھلارنى قىلغان بولىدۇ. بۇ گۇناھلارنىڭ بوھتان قىسمىلا، ئۇ كىشىنىڭ دۈمبىسىدە قانچىلىك ئېغىر گۇناھ يۈكى بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ. دەرۋەقە بىراۋغا بوھتان چاپلاش ناھايىتى قەبىھ گۇناھ بولغانلىقى ئۈچۈن بوھتاندىن ساقلىنىشقا قىلىنغان ئىلاھىي بۇيرۇق بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ساقلىنىشقا قىلىنغان ئىلاھىي بۇيرۇق بىلەن بىر يەردە كېلىدۇ، پاك ئاياللارغا بۇزۇقچىلىق بوھتانىنى چاپلغانلارغا سەكسەن دەررە ئۇرۇش جازاسى ۋە ئۆمۈرۋايەت گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنماسلىق جازاسى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  113. وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ وَرَحْمَتُهُ لَهَمَّتْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ أَنْ يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ ۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِنْ شَيْءٍ ۚ وَأَنْزَلَ اللَّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُنْ تَعْلَمُ ۚ وَكَانَ فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًا
    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇناتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتى كاتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ سېنى ئازدۇرۇشقا چوقۇم ئۇرۇناتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان پەزلى ھەقىقەتەن چوڭدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ساڭا ئىلتىپات ۋە رەھمەت قىلىپ، دەرھال يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلمىغان بولسا، مۇنافىقلاردىن بىر تائىپە (تۇئمە ئىبنى ئۇبەيرىق ۋە قېرىنداشلىرى) سېنى ئازدۇرۇشقا تاس قالغان ئىدى، لېكىن ئاللاھ ۋەھىي نازىل قىلىپ سېنى خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنافىقلار ساڭا خاتا ھۆكۈم قىلدۇرالمىدى ۋە ساڭا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمىدى. ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى، ئۆزلىرى رەسۋا بولدى. ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتى بۈيۈك، ئالاھىدە رەھمىتى كۆپتۇر. ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى ۋە پايدىلىق ئىلىمنى نازىل قىلدى، ساڭا بىلمىگىنىڭنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتى ھەقىقەتەن بۈيۈكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  114. لَا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِنْ نَجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
    ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمىر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ كۆپىنچىسىدە ياخشىلىق يوقتۇر. پەقەت سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا، ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پات يېقىندا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرىنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق يوق. لېكىن سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا ۋە ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىم ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم

    «مەخپىي سۆز قىلىشىش» - مەخپىي پاراڭلىشىش، يوشۇرۇن سۆھبەتلىشىش، قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ گەپلىشىش، پىچىرلىشىش ۋە كۇسۇلدىشىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. مەخپىي سۆز قىلىشىش، خەير - ساخاۋەتكە دەۋەت قىلىش ياكى ياخشى ئىشقا بۇيرۇش ۋە ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن بولمىغاندا يامانلىق پىلانلاش، سۇخەنچىلىك قىلىش، غەيۋەت - شىكايەت قىلىش ۋە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش ئۈچۈن بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە يامان ئىشلار ھەققىدە مەخپىي سۆزلىشىشنى ئەيىبلەيدۇ ۋە چەكلەيدۇ، ياخشى ئىشلار ھەققىدە مەخپىي سۆزلىشىشكە ئەمر قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئايەتتىمۇ سەدىقىگە، ياخشىلىققا ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇشتىن باشقا بىرەر ئىش ھەققىدە مەخپىي سۆزلىشىشتە ھېچقانداق ياخشىلىق يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزكۇر ھادىسىنىڭ (بىرقانچە مۇنافىقنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خاتا ھۆكۈم قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ مۇنافىقلارنىڭ دەۋا ۋە قەسەملىرىگە ئىشىنىپ خاتا ھۆكۈم قىلماقچى بولۇشى) مەخپىي سۆزلىشىشنىڭ چەكلەنگەن قىسمىنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ، ئاندىن مەخپىي سۆزلىشىشنى خالىس نىيەت بىلەن مەزكۇر ئۈچ ئىشقا (سەدىقىگە، ياخشىلىققا ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا) قىلغانلارغا بۈيۈك مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىش ئارقىلق بۇنىڭغا تەرغىب قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  115. وَمَنْ يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
    كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى توغرا يولنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلسا ۋە مۇئمىنلارنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگەشسە، بىز ئۇنى كىرگەن يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بارلىق مۇنافىقلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇنافىقلار! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەقنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ھەقكە دەۋەت قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارشى چىقسا، مۇخالىپەتچىلىك قىلسا ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر مېڭىۋاتقان ئىسلام يولىدىن باشقا بىر يولغا (باتىل يولغا) كىرسە، بىز ئۇ كىشىنى ماڭغان يولىغا قويۇپ بېرىمىز: كۇفرىلىقى ۋە ئازغۇنلۇقى ئىچىدە تاشلىۋېتىمىز، ياردەمسىز قويىمىز، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايمىز. ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى، يامان جاي بولغان دوزاخقا تاشلاپ كۆيدۈرىمىز. ئەسكەرتىش: «مۇئمىنلارنىڭ يولى» - ئاللاھنىڭ يولى بولۇپ، مۇئمىنلار ئۇ يولدا ئوڭ - سولغا بۇرۇلماستىن ئۇدۇل ماڭىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىققانلار مۇئمىنلار ماڭغان ئۇ يولدىن غەيرىيگە كىرگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا باشتا ئۇلارغا ماڭغان يولىدا مۆھلەت بېرىدۇ، ئاندىن قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ (116 ~ 121-) ئايەتلەردە، شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت گۇناھنى مەغپىرەت قىلمايدىغانلىقىنى، شېرىكتىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇشرىكنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن توغرا يولدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ماھىيىتى، ئاللاھنىڭ شەيتانغا لەنەت قىلغانلىقى ۋە شەيتاننىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان يامان ئاقىۋەت قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  116. إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا
    ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى (ئاللاھ) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك قىلىنىشىنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمدىن كەچۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ شېرىك كەلتۈرۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ. شېرىك كەلتۈرۈشتىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ھەقتىن يىراقلىشىپ ۋە بەخت - سائادەت يولىدىن ئادىشىپ كەتكەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  117. إِنْ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ إِلَّا إِنَاثًا وَإِنْ يَدْعُونَ إِلَّا شَيْطَانًا مَرِيدًا
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، چىشى (يەنى ئايال ئىسمى بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغىلا ئىبادەت قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ پەقەت چىشىلەرگە دۇئا قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىسيانكار شەيتانغا دۇئا قىلىدۇ[53]. — ئەنەس ئالىم

    مەككە مۇشرىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى «لات، ئۇززا، مەنات» دېگەندەك مۇئەننەس (چىشى جىنسلىق) ئىسىملار بىلەن ئاتايتتى ۋە بىرەر ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن ياكى بىرەر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا دۇئا قىلاتتى ۋە چوقۇناتتى. شۇنىڭدەك، ئۇلار پەرىشتىلەرنى «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ ئۇلارغىمۇ چوقۇناتتى. ئۇلار بۇ ئىشتا شەيتانغا ئىتائەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەسلىدە شەيتانغا چوقۇنغان بولاتتى. شۇڭلاشقا قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەردىن: «بۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەپ سورىغاندا، پەرىشتىلەر: «ياق، ئۇلار جىنلارغا چوقۇناتتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ: «جىنلارغا چوقۇناتتى» دېگەن سۆزىدىكى «جىنلار» شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشى ئۇلارنىڭ شەيتانلارغا چوقۇنۇشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ مەنىنى بۇ (117 -) ئايەت تەكىتلەيدۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى مانا بۇ شەكىلدە ئىدى. دېمەككى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، بىرەر ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  118. لَعَنَهُ اللَّهُ ۘ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنْ عِبَادِكَ نَصِيبًا مَفْرُوضًا
    ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شەيتاننى لەنەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن نېسىۋە ئالىمەن، — ئەنەس ئالىم

    (118-121) شەيتان ئادەمگە سەجدە قىلمىغان چاغدا ئاللاھ تائالا شەيتاننى ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەتكەن ۋە قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان لەنەتكە دۇچار قىلغان. شەيتان ئاللاھتىن قىيامەتكىچە مۆھلەت تەلەپ قىلغان، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مۆھلەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كېتىش ئالدىدا ئاللاھقا قىيامەتكىچە توغرا يولنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئۇ يولغا يېقىنلاشقانلارنى ھەر تەرەپتىن كېلىپ ئازدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ تولىسىنىڭ توغرا يولغا كىرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاللاھ تائالا ئۇنى يەنە بىر قېتىم قوغلاپ، ئۇنىڭغا «دوزاخنى سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن ئىدى. بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا شەيتاننىڭ مەزكۇر سۆزلىرىنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭغا ئالدانغانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پۈتۈن ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى ئالدىنئالا خەۋەر قىلىپ، يەنىلا شەيتانغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ۋە شەيتاننىڭ مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  119. وَلَأُضِلَّنَّهُمْ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ آذَانَ الْأَنْعَامِ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيًّا مِنْ دُونِ اللَّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًا مُبِينًا
    شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھارپايلارنىڭ قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن، ئۇلارنى چوقۇم (بۇتلارغا نەزىر قىلىنغانلىقىغا بەلگە بولۇشى ئۈچۈن) چاھار پايلارنىڭ قۇلاقلىرىنى يېرىشقا، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش ئىشلارغا) بۇيرۇيمەن». كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى چوقۇم ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى چوقۇم قۇرۇق ئارزۇلارغا سالىمەن. ئۇلارنى چوقۇم بۇيرۇيمەن، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىنى يارىدۇ. ئۇلارنى چوقۇم بۇيرۇيمەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ». كىم ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن[54]، ئۇ ئاشكارا زىيان تارتقان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  120. يَعِدُهُمْ وَيُمَنِّيهِمْ ۖ وَمَا يَعِدُهُمُ الشَّيْطَانُ إِلَّا غُرُورًا
    شەيتان ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ (يەنى ئەمەلدە ئىشقا ئاشمايدىغان ئارزۇلارنى كۆڭلىگە سالىدۇ)، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شەيتان ئۇلارغا ۋەدە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەيتان ئۇلارغا ۋەدە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قۇرۇق ئارزۇلارغا سالىدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئالداش ئۈچۈنلا ۋەدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  121. أُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ وَلَا يَجِدُونَ عَنْهَا مَحِيصًا
    ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلار ئۇنىڭدىن قاچقىلى يەر تاپالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  122. وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَنُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّهِ قِيلًا
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك ھېچ ئەھەدى بولمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى يېقىندا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ — ئەنەس ئالىم

    ئالدىنقى ئايەتتە شەيتانغا ئەگەشكەنلەرنىڭ مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە شەيتانغا ئەگەشمىگەنلەرنىڭ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئىلاھىي ۋەدە بولۇپ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، شەيتانغا ئەگەشمەسلىك، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  123. لَيْسَ بِأَمَانِيِّكُمْ وَلَا أَمَانِيِّ أَهْلِ الْكِتَابِ ۗ مَنْ يَعْمَلْ سُوءًا يُجْزَ بِهِ وَلَا يَجِدْ لَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
    (ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ جەننەت سىلەرنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەنلا قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن جازالىنىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىش سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇلىرىڭلار بىلەنمۇ بولمايدۇ، ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇلىرى بىلەنمۇ بولمايدۇ. كىم بىرەر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۇ يامانلىقنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ[55]. — ئەنەس ئالىم

    (123-124) يۇقىرىدا (120 - ئايەتتە) شەيتاننىڭ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى ھەر تۈرلۈك قۇرۇق ئارزۇلارغا سالىدىغانلىقى ۋە يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئالدايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتلەردە بولسا، شەيتانغا ئالدىنىپ قىلغان يامانلىقنىڭ جازاسىنى چەكمەسلىك، لايىق رەۋىشتە ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل قىلمىسىمۇ جەننەتكە كىرىشتەك، قۇرۇق ئارزۇلارغا بېرىلىپ ھايات كەچۈرگەنلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى، ئەكسىچە يامانلىق قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ۋە ئۆزلىرىگە ھېچبىر ھامىي تاپالمايدىغانلىقى، ئىستىقبالنىڭ شەيتاننىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئالدىنىپ خام خىيال سۈرۈش بىلەن ئەمەس، تەلەپكە لايىق ئىمان ۋە ئەسقاتىدىغان ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. دەرۋەقە، مۇشرىكلارنىڭ بىر قىسمى: «ھايات مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت، بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەپ ئارزۇ قىلاتتى، بەزىلىرى: باتىل مەبۇدلىرىنىڭ شافائىتى بىلەن دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەھلى كىتاب بولسا، شەيتانغا ئالدىنىپ «بىز دوزاختا بىرقانچە كۈنلا كۆيۈمىز ، جەننەتكە بىزلا كىرىمىز، بىزلا توغرا يول ئۈستىدە، بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» دەيتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەددىيە بېرىدۇ. ئاخىرەتتىكى بەخت - سائادەتنىڭ قۇرۇق ئارزۇ بىلەن ئەمەس، ئىمان ۋە ئەمەل بىلەن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى! كەلگۈسى سىلەر خىيال قىلغاندەك بولمايدۇ، ئاخىرەتتە ئىلاھىي مۇئامىلە سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك بولمايدۇ. ئەكسىچە قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ، ھەممىڭلار قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر ۋە ھېساب بېرىسىلەر. ئىچىڭلاردىن كىم يامانلىق قىلغان بولسا جازالىنىدۇ ۋە ئۆزىگە نە بىر ھامىي، نە بىر مەدەتكار تاپالمايدۇ. ئىچىڭلاردىن ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن ھالدا ياخشى ئەمەللەردىن كۈچى يەتكەنلىرىنى قىلغان بولسا، ئەنە شۇ كىشى جەننەتكە كىرىدۇ ۋە قىلچە ھەقسىزلىقكە ئۇچرىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  124. وَمَنْ يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ نَقِيرًا
    ئەر ـ ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەر ـ ئاياللاردىن مۆمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئەمەللەردىن قىلىدىكەن، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ ۋە قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  125. وَمَنْ أَحْسَنُ دِينًا مِمَّنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ وَاتَّبَعَ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۗ وَاتَّخَذَ اللَّهُ إِبْرَاهِيمَ خَلِيلًا
    ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان)، باتىل دىنلاردىن بۇرالغان ھالدا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىن دىنىي جەھەتتە ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان، ئىبىراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    دىن جەھەتتە سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ھەقكە يۆنەلگەن ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ياخشى ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى. — ئەنەس ئالىم

    (125-126) ئالدىنقى ئايەتلەردە دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىنىڭ سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان (يەنى ھاياتىنى ئىمانىنىڭ تەلىپى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ياشىغان) كىشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى سەمىمىي ھالدا ئاللاھقا تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان دىنىنىڭ يېگانە ياخشى دىن ئىكەنلىكى، ئۇ كىشىنىڭ ئۇ دىننى قوبۇل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇ يول ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ دوستلۇقىغا ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ مۈلكى ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ ۋە ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكى زىكىر قىلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتۇشىنىڭ موھتاجلىقتىن ئەمەس، ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلغانلىقتىن بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە «سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان كىشىنىڭ مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ»غانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، يېگانە «ياخشى دىن»نى قوبۇل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش بىلەن مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقانلىق ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  126. وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ مُحِيطًا
    ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىلىرىدۇر، مەخلۇقاتلىرىدۇر). ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  127. وَيَسْتَفْتُونَكَ فِي النِّسَاءِ ۖ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِيهِنَّ وَمَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ فِي يَتَامَى النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا تُؤْتُونَهُنَّ مَا كُتِبَ لَهُنَّ وَتَرْغَبُونَ أَنْ تَنْكِحُوهُنَّ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الْوِلْدَانِ وَأَنْ تَقُومُوا لِلْيَتَامَىٰ بِالْقِسْطِ ۚ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِهِ عَلِيمًا
    (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان (ئاياللارنىڭ مىراسىغا ئائىت) ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنداق يېتىملەر توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇكى، سىلەر ئۇلارنىڭ تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيسىلەر، (ئۇلارنىڭ مىراسى قولىمىزدىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ-دەپ) ئۇلارنى ئەرگە بەرمەيسىلەر (يەنى مۇنداق قىلماسلىقىڭلارغا پەتىۋا بېرىدۇ)، بوزەك قىلىنغان بالىلار(نىڭ ھەققىنى بېرىشىڭلار) ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشۇڭلار ھەققىدە پەتىۋا بېرىدۇ . (ئاياللارغا ۋە يېتىملەرگە) قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (يەنى (ئىزاھات: جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر كىچىك بالىلارغا ۋە ئاياللارغا مىراس بەرمەيتتى، ئاللاھ بۇنى مەنئى قىلىپ ئۇلارنىڭ مىراستىكى نېسىۋىسىنى بېرىشنى بۇيرىدى. )شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئايەتلەر باركى، ئۇ ئايەتلەر سىلەر تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيدىغان، (مىراسى قولىمىزدىن كېتىپ قالىدۇ دەپ) ئەرگىمۇ بەرمەيدىغان يېتىم قىزلار توغرىسىدا، بوزەك قىلىنغان بالىلار ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشۇڭلار توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ*[1]. قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاياللار ھەققىدە پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلار ھەققىدە سىلەرگە ئاللاھ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرگە كىتابتا يېتىم ئاياللار توغرىسىدا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. ئۇ يېتىم ئاياللار شۇنداق ئاياللاركى، سىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن نەرسىنى بەرمەيسىلەر، لېكىن ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا قىزىقىسىلەر. شۇنىڭدەك، سىلەرگە بوزەك قىلىنغۇچى بالىلار توغرىسىدا ۋە يېتىملەر ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلىشىڭلار توغرىسىدا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ[56]. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ». — ئەنەس ئالىم

    جاھىلىيەتتە ئەرەبلەر ئاياللارغا ۋە كىچىك بالىلارغا مىراس بەرمەيتتى، ئۆزلىرىنىڭ ھىمايىسىدە بولۇۋاتقان يېتىم قىزلارنى ماللىرىنى كۆزلەپ، نىكاھىغا ئېلىشقا قىزىقاتتى، لېكىن ئۇلارغا تويلۇق بەرمەيتتى، ھەقلىرىگە رىئايە قىلمايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ مۇشۇ يەرگىچە بولغان قىسمىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئادەتلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئوغۇل - قىز ئايرىماستىن يېتىملەرنى ھىمايە قىلىش، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى قوغداش، يېتىم قىزلارنى نىكاھىغا ئالماقچى بولسا تويلۇقىنى ھەدىيە سۈپىتىدە بېرىش، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئوغۇل - قىز ئايرىماستىن يېتىملەرگە مىراستىن ئۈلۈش بېرىش قاتارلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلدى. ئاياللار توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سورىغانلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ جاۋاب بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سوئالىغا ئۆزۈم جاۋاب بېرىمەن، يەنى ئاياللار ھەققىدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئايەتلەر نازىل قىلىمەن. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ سوئالىغا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ھەققىدە ھازىرغىچە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرمۇ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  128. وَإِنِ امْرَأَةٌ خَافَتْ مِنْ بَعْلِهَا نُشُوزًا أَوْ إِعْرَاضًا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنْ يُصْلِحَا بَيْنَهُمَا صُلْحًا ۚ وَالصُّلْحُ خَيْرٌ ۗ وَأُحْضِرَتِ الْأَنْفُسُ الشُّحَّ ۚ وَإِنْ تُحْسِنُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
    ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن، ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىپ قېلىش (ئاجرىشىپ كېتىشتىن) ياخشى. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەندۇر، ئەگەر سىلەر (خوتۇنلىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە (ئۇلارغا ئۇۋال قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغانلىرىڭلارنى تولۇق ئۇقۇپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ نۇشۇزىدىن[57] ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن قورقسا، ئەر - خوتۇن ئۆزئارا كېلىشسە ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوق. كېلىشىش ياخشىدۇر. نەفسلەرگە بېخىللىق ۋە ئاچ كۆزلۈك سىڭىپ كەتكەن. ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ يەردە «ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق - نُشُوز» - ئەرنىڭ ئۆزىنى ئايالىدىن ئۈستۈن كۆرۈشى ۋە ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىشى، ئايالىنى يامان كۆرۈشى ۋە باشقا ئاياللارغا كۆز سېلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئايالىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئېرىنىڭ ئەنە شۇ مۇئامىلىسىدىن ياكى تامامەن تاشلىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئايال، بەزى ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئېرى بىلەن ئۆزئارا كېلىشسە ئېرىگىمۇ، ئۆزىگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. مەسىلەن: ئايال تۇرمۇش خىراجىتى، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ، ھۇجرىسىدا ئېرىنىڭ قونۇش نۆۋىتى قاتارلىقلاردىن ياكى ئۇلارنىڭ بەزىسىدىن ۋە ياكى ئۇ بەزىسىنىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچسە، ئېرى بۇنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكى شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشتىن ياكى ئۇنى قويۇۋېتىشتىن ۋاز كەچسە، بۇ تەقدىردە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى گۇناھكار بولمايدۇ. بۇ شەكىلدە كېلىشىش ئاجرىشىشتىن ياخشى. ئىنسان نەپسىنىڭ تەبىئىتىگە ئاچ كۆزلۈك ۋە بېخىللىق سىڭىپ كەتكەن، شۇنداقلا ھېچكىم ئۆز ھەققىنى باشقىسىغا ئۆتۈنۈپ بەرگۈسى كەلمەيدىغان بولسىمۇ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئۆز نەپسلىرىنى تەربىيەلەپ بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشقا ۋە ياخشىلىق قىلىشقا كۆندۈرۈشى، شۇنداقلا ئارىسىدىكى مەسىلىنى چۈشىنىشىش بىلەن ھەل قىلىشى ھەر ئىككىسى ئۈچۈن خەيرلىك بولىدۇ. ئى ئەرلەر! سىلەر ئاياللىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلساڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئاياللار بىلەن ياخشى تىرىكچىلىك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش توغرىسىدىكى ھۆكۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلانساڭلار، ئاللاھ تائالا بۇ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا سىلەرگە مۇكاپات بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  129. وَلَنْ تَسْتَطِيعُوا أَنْ تَعْدِلُوا بَيْنَ النِّسَاءِ وَلَوْ حَرَصْتُمْ ۖ فَلَا تَمِيلُوا كُلَّ الْمَيْلِ فَتَذَرُوهَا كَالْمُعَلَّقَةِ ۚ وَإِنْ تُصْلِحُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
    قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، ئاللاھ ئەلۋەتتە (سىلەرگە) مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قانچە تىرىشساڭلارمۇ خوتۇنلىرىڭلارغا (دىلنىڭ مايىللىقىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قويۇلغان خوتۇندەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (ئۇلارغا ئۇۋال قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، ئاللاھ ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاياللىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشقا ھەرگىزمۇ قادىر بولالمايسىلەر. بۇنىڭغا قانچە ئىنتىلسەڭلەرمۇ كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا بىرىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ كېتىپ يەنە بىرىنى ئېسىپ قويۇلغان ئايالغا ئوخشاش قىلىپ قويماڭلار. ئەگەر ئىسلاھ قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار[58]، بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئالدىنقى ئايەتتە، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈپ ئەرلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلماسلىقىدىن ياكى قويۇۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئايالنىڭ بەزى ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئېرى بىلەن كېلىشىپ قالسا ياخشى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، ئەر بۇ ھەقتە پىداكارلىق قىلىشقا ۋە ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەرغىب قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، نىكاھىدا بىردىن ئارتۇق ئايال بولغان ئەرلەرنىڭ، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا لايىق رەۋىشتە ئادىل بولالمايدىغانلىقى، شۇڭلاشقا ئاياللىرىنىڭ بىرىنى ياكى بەزىسىنى تامامەن تاشلىۋېتىپ ئۇنى «ئېرى بارمىكى دېسە يوق، يوقمىكى دېسە بار» ھالەتتە قويماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاياللىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياخشى ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلسا، ئاياللىرى توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقسا، قولىدىن كەلمىگەن ئىشلار ھەققىدە ئاللاھنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  130. وَإِنْ يَتَفَرَّقَا يُغْنِ اللَّهُ كُلًّا مِنْ سَعَتِهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ وَاسِعًا حَكِيمًا
    ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ھەر بىرىنى كەڭ پەزلىدىن بېرىپ بىھاجەت قىلىدۇ. ئاللاھ كۆپ بەرگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە، ناۋادا ئۇلار نەپسىنىڭ ئاچ كۆزلۈك ۋە بېخىللىقىغا مەغلۇپ بولۇپ، ھېچبىرى ئۆز ھوقۇق ۋە مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەسلىك نەتىجىسىدە كېلىشەلمىسە، ئۇلارنىڭ چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كېتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردە ئاللاھ تائالا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە موھتاج قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە، كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر - ئايالنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن بىر - بىرىگە موھتاج بولۇشتىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 131 ~ 134 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قادىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە ھەممەيلەننى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  131. وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ وَصَّيْنَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَإِيَّاكُمْ أَنِ اتَّقُوا اللَّهَ ۚ وَإِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَنِيًّا حَمِيدًا
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئەگەر كاپىر بولساڭلار (كۇفرىڭلار ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ). ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى ۋە مەخلۇقاتى)دۇر. ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. بىز سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دەپ ۋەزىپە تاپشۇردۇق. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئىگىسىدۇر. ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقا ھېچقانداق ئىش تەس كەلمەيدۇ، جۈملىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئەر - خوتۇنلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا، ئۇلارنى بىر - بىرىگە موھتاج بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە ھەر بىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ھازىر سىلەرنى بۇيرۇغان ئىبادەت ۋە تەقۋالىققا ئىلگىرىكى ئەھلى كىتابنىمۇ بۇيرۇغان، سىلەرنى توسقان كۇفرىلىقتىن ئۇلارنىمۇ توسقان. ئەگەر كۇفرىلىق قىلساڭلار ئۆزۈڭلار زىيان تارتىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنىڭ شۈكۈر، تەقۋالىق ۋە ئىبادەت قاتارلىق ئىشلىرىڭلارغا موھتاج ئەمەس، چۈنكى ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ بولۇپ، ئاللاھ ئۇلار تەرىپىدىن مەدھىيىلىنىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  132. وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتىدۇ. ئۇلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئاللاھ پىلانلاپ مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلىشى، كائىناتنىڭ ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرى ئىنتىزاملىق شەكىلدە داۋاملىشىشى ئۈچۈندۇر. ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىمۇ ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ رىزىق بېرىپ مەۋجۇتلۇقۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى بەزى ئىشلارغا بۇيرۇپ بەزى ئىشلاردىن توسۇشى ھاياتىڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا سىلەر ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  133. إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ أَيُّهَا النَّاسُ وَيَأْتِ بِآخَرِينَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ ذَٰلِكَ قَدِيرًا
    ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىۋىتىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى كەتكۈزۈۋېتىپ باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ھاكىمىيىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى ۋە ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ ، باشقىلارنى يارىتىدۇ ۋە ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا قويىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭغا ئەلۋەتتە قادىردۇر. لېكىن ئاللاھنىڭ ھېكمىتى سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەي قايسىڭلارنىڭ ياخشى ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭلاشقا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتۈشكە تىرىشىڭلار، دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىگە ئالدانماڭلار. بىلىڭلاركى، ھەقىقىي ھايات ئاخىرەت ھاياتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  134. مَنْ كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ الدُّنْيَا فَعِنْدَ اللَّهِ ثَوَابُ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
    كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى تىلىسۇن). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇ بىلسۇنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم دۇنيانىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلسا[59]، بىلسۇنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، دۇنيالىقنىلا كۆزلىگەنلەرنى، ئاخىرەتنىمۇ كۆزلەشكە تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتنىڭ «ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن مەنىدىكى جۈملە بىلەن ئاخىرلىشىشى ئاخىرەتنى كۆزلەشنىڭ لايىق رەۋىشتە ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاخىرەتلىك ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭدىن دۇنيالىق مەنپەئەت كۆزلەيدىغان كىشى بىلسۇنكى، ھەر ئىككىلا دۇنيادىكى مەنپەئەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھتىن ئالدى بىلەن ئاخىرەت مەنپەئەتىنى تەلەپ قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندا ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىسىنى بېرىدۇ. لېكىن ئاخىرەتنىڭ ئەمىلى بىلەن دۇنيا مەنپەئەتى تەلەپ قىلغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچ نەرسە يوق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  135. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ شُهَدَاءَ لِلَّهِ وَلَوْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ أَوِ الْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ ۚ إِنْ يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًا فَاللَّهُ أَوْلَىٰ بِهِمَا ۖ فَلَا تَتَّبِعُوا الْهَوَىٰ أَنْ تَعْدِلُوا ۚ وَإِنْ تَلْوُوا أَوْ تُعْرِضُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
    ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار. (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا بولۇشماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ ۋە تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھ رازى بولغۇدەك گۇۋاھلىق بېرىڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ ھەقىقەتتىن بۇرىلىپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ھەققانىيەتتە مۇستەھكەم تۇرغۇچىلار، ئاللاھ ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بېرىدىغان گۇۋاھلىقىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا -ئاناڭلارنىڭ ۋە ياكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئەگەر زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى كىشى باي ياكى پېقىر بولسا، ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر. ئۇنداقتا ئادىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈن نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەڭلار. ئەگەر ئەگرى - بۈگرى قىلساڭلار ياكى يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى پۇختا قۇرۇلما ۋە چىرايلىق شەكىلدە يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت (تەڭپۇڭلۇق) ئورناتقان، يەنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇئەييەن دائىرە بەلگىلىگەن، شۇنداقلا ئۇ دائىرىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە باشقا بىر مەخلۇقاتنىڭ دائىرىسىگە چېقىلماسلىق يولىنى كۆرسەتكەن (تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن). شۇڭلاشقا كائىناتتىكى ھەر مەخلۇقات ۋە ھەر مەۋجۇدات ئۆز دائىرىسىدە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئادالەتكە دەخلى يەتكۈزمەيدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئىختىيارى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ بەزىدە مەزكۇر ئادالەتكە دەخلى يەتكۈزىدۇ: باشقا مەخلۇقاتلارغا زىيان سالىدۇ ۋە ئۆزئارا زۇلۇم قىلىشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى ئادالەتنى (تەڭپۇڭلۇقنى) قوغداشقا بۇيرۇغان، ئۇنىڭغا دەخلى يەتكۈزۈشتىن توسقان، خاتىرجەملىك ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشاش، بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا ئورنىتىش ۋە ساغلام داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ كاپالەتچىسى بولغان تەۋھىد ۋە ئادالەتنى ئۆگەتكەن، خۇسۇسەن مۇئمىنلارنى ئادىل بولۇشقا، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇغان. جۈملىدىن بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ يەرگىچە ئائىلىۋى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە ئادىل بولۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بۇ (135 -) ئايەتتە مۇئمىنلارغا، ئۇلارنىڭ مۇئمىنلىق سۈپىتى بىلەن خىتاب قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ھاياتنىڭ پۈتكۈل ساھەلىرىدە ئادالەتنى بەرپا قىلغۇچىلار ۋە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلارغا ئۆزلىرى، ئاتا - ئانىلىرى ۋە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا زىيان ئېلىپ كەلسىمۇ توغرا گۇۋاھلىق بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ، گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان كىشىنىڭ باي ياكى پېقىرلىقىدىن تەسىرلەنمەسلىك كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسلىتىدۇ، چۈنكى ئادالەتنىڭ نامايان بولۇشى ئۈچۈن توغرا گۇۋاھلىق بېرىش شەرت. ئادىل بولۇش ئۈچۈن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمەسلىك لازىملىقىنى، ناۋادا بىرەر سەۋەب بىلەن ئادالەتكە دەخلى يەتكۈزسە، ئۆزى (ئاللاھ)نىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا جازالاندۇرىدىغانلىقىنى سەمىگە سېلىپ قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  136. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا آمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي أَنْزَلَ مِنْ قَبْلُ ۚ وَمَنْ يَكْفُرْ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئاللاھ ئەلچىسىگە نازىل قىلغان كىتابقا ۋە ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىشىنىڭلار. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە كافىر بولىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەھلى كىتابنى ۋە مۇئمىنلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلىدۇ، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن ئەھلى كىتابنىڭ بۇلارغىمۇ ئىمان كەلتۈرۈپ ئىمانىنى تولۇقلىشى كېرەك، مۇئمىنلار ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، ئىمانىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك. شۇنىڭدەك، ئىمان ئاساسلىرىنى ۋە بۇ ئاساسلارغا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرمىگەنلەرنىڭ توغرا يولدىن ئاداشقان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  137. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ سَبِيلًا
    ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن (يەنى شۇ كۇفرى بىلەن ئۆلگەن) كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا (يەنى جەننەتكە) يېتەكلىمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە كافىر بولغان، ئاندىن كۇفردا ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (137-138) ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تەۋبە قىلىش، ئىماننى داۋاملاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەل قىلىش ۋە ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش شەرت قىلىنىدۇ. ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى قېتىم بېرىش - كېلىش قىلىپ ئۈچىنچى قېتىمدا كۇفرىدا تۇراقلاشقان، شۇنداقلا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەر ئىلاھىي مەغپىرەتكە ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار مۇنافىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار ھېسابلىنىپ ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارغا، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۇلار ئۈچۈن «خۇش خەۋەر» ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئەلەملىك ئازاب بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاخىرىدا يەنىلا مۇنافىقلىقنى تاللىشى ۋە ئۇنىڭدا ئەزۋەيلىشى ئەلەملىك ئازابقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغۇچىغا ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۇنىڭغا سۆيۈنچلۈك خەۋەر بەرگەنلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ «خۇش خەۋەر بېرىش» بىلەن ئىپادىلىنىشى بۇ ئىنچىكىلىككە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ (137 - ۋە 138 -) ئايەتلەردە ئەنە شۇ ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 143 - ئايەتكىچە بۇ خىل مۇنافىقلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە) ياشىغانلىرىنىڭ بەزى سۈپەت ۋە پېئىللىرىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى دوست تۇتۇش، چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق ئايەتلەر ئىنكار ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقان سورۇندا ئولتۇرۇش ، مۇئمىنلارنىڭ مۇسىبەتكە يولۇقۇشىنى ئارزۇ قىلىش، مۇئمىنلار زەپەر قۇچسا ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ ماددىي ۋە مەنىۋى پايدىغا شېرىك بولۇشقا ئۇرۇنۇش، كافىرلار بىرەر نېسىۋىگە ئېرىشسە، ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، خىزمەت كۆرسەتلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پايدا ئۈندۈرۈشكە تىرىشىش، نامازغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ۋە ئۇنى تەلەپكە لايىق ئۆتىمەسلىك، رىياكارلىق قىلىش... قاتارلىقلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  138. بَشِّرِ الْمُنَافِقِينَ بِأَنَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
    (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇنافىقلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب بار.‏ — ئەنەس ئالىم

  139. الَّذِينَ يَتَّخِذُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۚ أَيَبْتَغُونَ عِنْدَهُمُ الْعِزَّةَ فَإِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا
    ئۇلار مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالىدۇ، ئۇلار كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلامدۇ؟ (يەنى كۇففارلارنىڭ دوستلۇقىدىن ئىززەت ۋە غەلىبە تىلەمدۇ؟) ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار مۆمىنلەرنى قويۇپ، كافىرلارنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلار كافىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت ئىزدەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدۇ. ئۇلار ئىززەتنى ئۇ كافىرلارنىڭ يېنىدا ئىزدەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، پۈتۈن ئىززەت ئاللاھنىڭدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (139-140) مەككە مۇشرىكلىرى سورۇنلىرىدا قۇرئان كەرىمگە تەنە قىلاتتى ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇ چاغدا 6 - سۈرە (ئەنئام)نىڭ 68 - ئايىتىنى نازىل قىلىپ مۇئمىنلارنى، مۇشرىكلار سورۇنلىرىدا مەزكۇر يامانلىقنى قىلىشقا باشلىغان ھامان ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. كېيىن مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ ئەسكى موللىلىرىمۇ شۇنداق قىلغان. ئۆزلىرىنى مۇئمىن دەپ دەۋا قىلىدىغان مۇنافىقلار ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىدا قۇرئان كەرىم ئىنكار ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتسىمۇ پەرۋا قىلماي ئولتۇرۇۋەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ (140 -) ئايەت نازىل بولغان. «ئەنئام» سۈرىسنىڭ مەككىدە، «نىسا» سۈرىسىنىڭ مەدىنىدە نازىل بولۇشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  140. وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ إِنَّكُمْ إِذًا مِثْلُهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
    ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار) باشقا پاراڭغا يۆتكەلمىگۈچە، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ كىتابتا سىلەرگە شۇنى نازىل قىلدى[60]: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە مەسخىرە قىلغۇچىلار باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  141. الَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِنْ كَانَ لَكُمْ فَتْحٌ مِنَ اللَّهِ قَالُوا أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ وَإِنْ كَانَ لِلْكَافِرِينَ نَصِيبٌ قَالُوا أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُمْ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ ۚ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلَنْ يَجْعَلَ اللَّهُ لِلْكَافِرِينَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ سَبِيلًا
    ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ (سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق) ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ھەققانىي) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا مۆمىنلەرگە قارشى ھەرگىز يول بەرمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مۇناپىقلار سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كافىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار)» دەيدۇ. ئەگەر كافىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كافىرلارغا): «بىز سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غالىب كەلگەن تۇرۇپ، سىلەرنى مۆمىنلەردىن قوغدىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كافىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن پەتىھ نېسىپ بولسا: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟» دەيدۇ. ئەگەر كافىرلارغا زەپەردىن بىرەر نېسىۋە بولسا: «بىز سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ[61]. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ كافىرلار ئۈچۈن مۇئمىنلارغا قارشى يول بەرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتنىڭ «سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دېگەن مەنىدىكى قىسمى ھەققىدە مۇپەسسىرلەر ئىككى تۈرلۈك تەپسىر ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) «پۇرسەت قولىمىزدا ئەمەسمىدى؟ بىزمۇ شۇ مۇئمىنلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە قارشى ئۇرۇشقان بولساق، سىلەرنى مەغلۇپ ۋە پەرىشان قىلماسمىدۇق؟ ھالبۇكى، سىلەر ئۇلار بىلەن سىرتتىن ھەپىلىشىۋاتقاندا بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلدۇق: ئۇلارغا ياردەم قىلمىدۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گەپ تارقاتتۇق، ئۇلارنى ئالدىدۇق، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە قورقۇنچ سالدۇق. پۈتۈن بۇ سەۋەبلەرنىڭ نەتىجىسىدە سىلەر زەپەر قازاندىڭلار. بىزنىڭ بۇ زەپەرگە قوشقان تۆھپىمىز سىلەرنىڭكىدىن كۆپ، شۇڭلاشقا بىزنىڭ نېسىۋىمىزنى بېرىشىڭلار كېرەك» دېگەن شەكىلدە. تەپسىرچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ مەنىنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. 2) «سىلەر مۇسۇلمانلارنى كۈچلۈك دەپ ئويلاپ مۇسۇلمان بولايلى دېگەندە سىلەرنى بىز توسمىدۇقمۇ؟ بىز: ‹مۇھەممەدنىڭ ئىشى ئاجىزلايدۇ، سىلەرنىڭكى كۈچىيىدۇ› دەپ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرمىدۇقمۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار! ئۆز ۋاقتىدا دېگەن سۆزلىرىمىز توغرا چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زەپەرنى ئەسلىدە بىز قازاندۇق. بۇ زەپەرنىڭ غەنىيمىتىگە سىلەردىن بەكرەك بىز لايىقتۇرمىز» دېگەن شەكىلدە. بەزى تەپسىرچىلەر بۇ مەنىنى تاللايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا كافىرلار زەپەردىن بىرەر نېسىۋىگە ئېرىشسە بۇ مۇنافىقلار ئۇلارغا قىلغان «ياخشىلىق» لىرىنىڭ مىننىتىنى قىلىپ، ئىززەت - ئېتىبار كۆرمەكچى ۋە ئولجىدىن ھەسسە ئالماقچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  142. إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلَاةِ قَامُوا كُسَالَىٰ يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلَا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا قَلِيلًا
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: « بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار نامازغا تۇرغاندا خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى ئازلا ياد ئېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار ئاللاھنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا جازا بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىشقان ھالدا تۇرىدۇ، ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتەيدۇ ۋە ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (142-143) مۇئمىن بىلەن مۇنافىقنىڭ ئورتاق تەرىپى ھەر ئىككىسىنىڭ ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇر. ئەمما ئۇلار مۇسۇلمانچىلىقنىڭ باشقا نۇقتىلىرىدا بىر - بىرىدىن تامامەن پەرقلىق. مەسىلەن: مۇئمىن ئاللاھقا سەمىمىي، مۇنافىق ئاللاھقا سەمىمىيەتسىز. مۇئمىن نامازغا ئاكتىپ، مۇنافىق نامازغا پاسسىپ. مۇئمىن ئىخلاسمەن، مۇنافىق رىياكار. مۇئمىن نامازنى ھەر دائىم ئۆتەيدۇ ۋە نامازنىڭ مەخپىي - ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان بارلىق زىكىر - تەسبىھلىرىنى تولۇق ئوقۇيدۇ، مۇنافىق نامازنى باشقىلار كۆرسە ئۆتەيدۇ ۋە نامازنىڭ باشقىلار ئاڭلايدىغان زىكىر - تەسبىھلىرىنى ئوقۇيدۇ. مۇئمىن ئىمان سېپىدە مۇستەھكەم تۇرىدۇ، مۇنافىق ئىمان ۋە كۇفرى سەپلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىرغاڭلاپ تۇرىدۇ. بۇ پەرقلىق تەرەپلەرنىڭ نەتىجىسىدە مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىدۇ، مۇنافىقلار ئاللاھنىڭ گۇمراھ قىلىۋېتىشىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە مۇنافىقلارنىڭ ئەنە شۇ پەرقلىق تەرەپلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجسىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: مۇنافىقلار تىلىدا ئىماننى ئىزھار قىلىش ۋە دىلىدا كۇفۇرنى يوشۇرۇش بىلەن ئاللاھنى ئالدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا باشتا مۆھلەت بېرىدۇ، ئاندىن ئاستا - ئاستا جازاغا يېقىنلاشتۇرىدۇ ۋە جازالايدۇ. مۇنافىق نامازغا ھۇرۇنلۇق بىلەن ھازىر بولىدۇ، خۇشياقماسلىق بىلەن ئۆتەيدۇ، نامازنىڭ ئىچىدە ئاللاھنى ناھايىتى ئاز زىكىر قىلىدۇ، چۈنكى يېنىدىكىلەرنىڭ ئاڭلىماسلىق ئېھتىمالى بولغان زىكىرلەر (مەخپىي ئوقۇلىدىغان قىرائەت، زىكىر - تەسبىھ ۋە دۇئالارنى) ئوقۇمايدۇ، ئىمان ۋە كۇفرى سەپلىرى ئارىسىدا ئىرغاڭلاپ تۇرىدۇ، يا مۇئمىنلار سېپىگە مەنسۇپ ئەمەس، ياكى كافىرلار سېپىگە مەنسۇپ ئەمەس. ئەسلىدە مۇنافىق ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشى بولماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇنى ھېچبىر تەرەپ ياقتۇرمايدۇ، ھېچبىرى قوينىغا ئالمايدۇ ۋە قارشى تەرەپكە ئىتتىرىدۇ: مۇئمىنلار ئۇنى كافىرلارنىڭ ئادىمى دەپ مۇئامىلە قىلىدۇ، كافىرلار مۇئمىنلارنىڭ ئادىمى دەپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا قويۇپ قويغان كىشى ئەنە شۇنداق تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ، ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېچقانداق يول يوقتۇر. ئاللاھ تائالا 141 ~ 143 - ئايەتلەردە مۇنافىقلارنىڭ بەزى سۈپەت ۋە پېئىللىرىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، 144 ~ 147- ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى، كافىرلارنى ئۆزلىرىگە ۋەلىي (دوست ۋە ھامىي) قىلىۋېلىپ مۇنافىقلاردەك بولۇشتىن توسىدۇ، مۇنافىقلارنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسىنى بىلدۈرىدۇ، مۇنافىقلىقتىن سەمىمىي تەۋبە قىلغانلارغا مۇئمىنلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بېرىدۇ ۋە مۇئمىنلارنىڭ بۈيۈك مۇكاپاتقا نائىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنافىقلىقتىن تەۋبە قىلغانلارنىڭمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلغان ۋە ئىمان ئېيتىپ ئىمانىنى داۋاملاشتۇرغانلارغا ئازاب قىلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ شۈكۈرلىرىگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  143. مُذَبْذَبِينَ بَيْنَ ذَٰلِكَ لَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ وَلَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
    مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس). كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن (يەنى ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولغا كىرىۋالغانلىقلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازغۇنلۇقىدا تاشلىۋەتكەن بولسا)، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇناپىقلار كۇفر بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا مۆمىنلەرگىمۇ، كافىرلارغىمۇ تەۋە ئەمەس. كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىرىلىپ تۇرماقتىدۇر، ئۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ، بۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن. — ئەنەس ئالىم

  144. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۚ أَتُرِيدُونَ أَنْ تَجْعَلُوا لِلَّهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَانًا مُبِينًا
    ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلارغا) ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى قويۇپ، كافىرلارنى دوست تۇتماڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنى (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلار) غا ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار[62]. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنىغا ئاللاھنىڭ روشەن دەلىلى بولۇشىنى خالامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ئۆزۈڭلارغا دوست، ياردەمچى ۋە ھامىي قىلىۋالماڭلار، ئەكسى تەقدىردە ئاللاھنىڭ سىلەرنى رەھمەت ۋە نۇسرىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشىغا سەۋەب ھازىرلىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ سەۋەبنى ھازىرلىساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رەھمەت ۋە نۇسرىتىنى توختىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كافىرلار سىلەرگە ھۆكۈمران بولىدۇ، سىلەرنى ئېزىدۇ، بوزەك قىلىدۇ ۋە خورلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  145. إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا
    مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەدەتكار تاپالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى تاپالمايسەن. — ئەنەس ئالىم

    ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر مۇنافىق ھېسابلىنىپ ئاخىرەتتىمۇ دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىسىلەر ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا ھېچبىر ياردەمچى تاپالمايسىلەر. دېمەككى، مۇنافىقلىقنىڭ جازاسى دۇنيادىكى قۇللۇق، ئاسارەت، خورلۇق ۋە مۇستەملىكىلىك بىلەن تۈگىمەيدۇ، مۇنافىقلىقنىڭ ئاخىرەتتىمۇ جازاسى بار بولۇپ، ئۇ بولسا دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەڭگۈ ئازاب چېكىشتۇر (ئاللاھ ساقلىسۇن). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  146. إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَاعْتَصَمُوا بِاللَّهِ وَأَخْلَصُوا دِينَهُمْ لِلَّهِ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَسَوْفَ يُؤْتِ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
    پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، قىلمىشلىرىنى تۈزەتكەن، ئاللاھنىڭ يولىدا چىڭ تۇرغان، دىندا ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولغان كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن تەۋبە قىلغان، ئۆزىنى تۈزەتكەن، ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنغان ۋە دىنىنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۇئمىنلار بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ يېقىندا مۇئمىنلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا مۇنافىقلارغا بۇ يامان ئاقىۋەتنى بىلدۈرگەندىن كېيىن بۇ ئايەتتە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ تەۋبە دەرۋازىسىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنىڭ بېشارىتىنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا تەۋبىنىڭ شەرتلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە: مۇنافىقلىقتىن يېنىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتىش، كافىرلارنى تاشلاپ ئاللاھقا تايىنىش، دىنىي ئىشلاردا رىياكارلىقنى تاشلاپ ئىخلاسمەنلىك قىلىش. مۇنافىقلار ئەنە شۇ تۆت شەرتنى ئورۇندىغان ھالدا تەۋبە قىلسا، مۇئمىنلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ ئۇلار ئېرىشكەن «بۈيۈك مۇكاپات»قا ئېرىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ دۇنيادا ئىززەت، ئاخىرەتتە جەننەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  147. مَا يَفْعَلُ اللَّهُ بِعَذَابِكُمْ إِنْ شَكَرْتُمْ وَآمَنْتُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ شَاكِرًا عَلِيمًا
    ئەگەر (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئاللاھقا شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈرگە مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە شۈكۈر ۋە ئىمان ئىگىسىنى ئازابلىمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنافىقلارنى دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ئازابلىشىنىڭ سەۋەبىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ سەۋەب بولسا، مۇنافىقلارنى ئازابلىشى، ئۆزىنىڭ ئازابلاشنى ياكى ئىنتىقام ئېلىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئىلاھىي ئادالەتنى نامايان قىلىشنى خالىغانلىقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  148. لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا
    زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ)، ئاللاھ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى) ئاڭلىغۇچىدۇر، (زالىمنى) بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلغىنى) دىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى مۇستەسنا[63]. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (148-149) ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مەزلۇمنىڭ ئۆزىگە يەتكەن يامانلىقنىڭ ئوخشىشىنى زالىمغا يەتكۈزۈشى، زالىمنى قىلمىشىغا تەڭ كېلىدىغان يامانلىق بىلەن جازالىشى ۋە جىنايەت بىلەن جازا ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك شەرتىگە رىئايە قىلغان ھالدا زالىمدىن قىساس ئېلىشى، خالىسا زالىمنى ئەپۇ قىلىشى قاتارلىقلارغا رۇخسەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (148 - ۋە 149 -) ئايەتلەردە بولسا، مەزلۇمنىڭ زالىم ئۈستىدىن باشقىلارغا شىكايەت قىلىشى، (قازىخانا، مەھكىمە، سوت دېگەندەك) مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا ئەرز قىلىشى، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەملىشەلەيدىغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا ئىلتىماس قىلىشى، زالىمنىڭ زىيىنىغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دۇئايىبەت قىلىشى، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنسانلارغا ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئېلان قىلىشى قاتارلىق «يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلەش»ىگە رۇخسەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. مەزلۇمنىڭ بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىشىغا رۇخسەت بېرىدۇ. دېمەككى، مەزلۇمنىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان زالىمدىن قىساس ئېلىشى ئادالەت، ئەپۇ قىلىشى پەزىلەتتۇر. زالىمدىن زۇلۇم كۆرگەنلىكىنى ئاشكارا سۆزلىشى رۇخسەتتۇر، بۇنىمۇ قىلماسلىقى ياخشى ئىشتۇر. شۇڭلاشقا زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن قايسىسى پايدىلىق بولسا ياكى ئىمكانىيىتى ۋە شارائىتى قايسىسىغا يار بەرسە شۇنى قىلسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە 148 - ئايەتتە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىگە يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلەش ھەققىدە رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، 149 - ئايەتتە ئۇنى ئەپۇ قىلىشقا ۋە ياخشى سۆز سۆزلەشكە تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ يامان سۆزنى مەخپىي سۆزلەشنى ياخشى كۆرمىگەندەك، ئاشكارا سۆزلەشنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ زالىم ھەققىدە يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلىشىگە رۇخسەت بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى بۇ سۆزنى قىلىشقا ئېلىپ بارغان سەۋەبنى (زۇلۇمنى) بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى لازىم. ئى مۇئمىنلار! ئاشكارا بولسۇن، يوشۇرۇن بولسۇن بىرەر ياخشى ئىش قىلساڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، بىرەر يامانلىقنى كەچۈرۈم قىلساڭلار، يەنى يامانلىق قىلغان كىشىنى جازالاشنى، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىشنى ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلەشنى تەرك ئەتسەڭلار ئاللاھ تائالا بۇ كەچۈرۈشىڭلارنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە سىلەرنىڭ بەزى يامانلىقىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ جازالاشقا قۇدرىتى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق ئەپۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  149. إِنْ تُبْدُوا خَيْرًا أَوْ تُخْفُوهُ أَوْ تَعْفُوا عَنْ سُوءٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا قَدِيرًا
    سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار (ساۋاب تاپىسىلەر). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى (باشقىلار قىلغان) بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئاشكارا بىرەر ياخشىلىق قىلساڭلار ياكى يوشۇرۇن بىرەر قىلساڭلار ۋە ياكى بىرەر يامانلىقنى ئەپۇ قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم

  150. إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيُرِيدُونَ أَنْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ اللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيَقُولُونَ نُؤْمِنُ بِبَعْضٍ وَنَكْفُرُ بِبَعْضٍ وَيُرِيدُونَ أَنْ يَتَّخِذُوا بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، (ئىمان كەلتۈرۈشتە) ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ۋە ئىمان بىلەن كۇفرنىڭ ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار - ئەنە شۇلار ھەقىقىي كافىرلاردۇر، بىز كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغان، «بەزىسىگە ئىشىنىمىز ۋە بەزىسىنى ئىنكار قىلىمىز» دېگەن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدا يول تۇتماقچى بولغانلار، — ئەنەس ئالىم

    (150-152) ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى (137 ~ 149 -) ئايەتلەردە مۇنافىقلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەمەللىرى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چېكىدىغان جازالىرى، ئۇلارغا تەۋبە دەرۋازىسىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ شەكلى، مۇئمىنلار ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك نۇقتىلار، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى چىتقا يېيىشقا بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسلىلەرنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتىن باشلاپ بىرقانچە ئايەتتە (150 ~ 173 - ئايەتلەردە) بولسا، ئەھلى كىتاب توغرىسىدا مەلۇمات ۋە تەلىماتلار بېرىدۇ. دېمەككى، مۇنافىقلار بىلەن ئەھلى كىتاب ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بار: مۇنافىقلار تىلىدا ئىمان كەلتۈرىدۇ، دىلىدا ئىنكار قىلىدۇ. ئەھلى كىتاب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلىرى مۇستەسنا) ئاللاھقا لايىقىدا ئىشەنمەيدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىدۇ، بەزىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. نەتىجىدە ئەھلى كىتابمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مۇنافىقلارغا ئوخشاش كافىر ھېسابلىنىپ دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. مۇنافىقلارغا تەۋبە دەرۋازىسى ئوچۇق بولغاندەك، ئەھلى كىتابقىمۇ تەۋبە دەرۋازىسى ئوچۇق بولۇپ، بولارمۇ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشەنسە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشەنسە، ئاللاھ بۇلارنىمۇ ئەپۇ قىلىپ مۇكاپاتلايدۇ، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  151. أُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ حَقًّا ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
    ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ھەقىقىي كافىرلاردۇر. بىز كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

  152. وَالَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَلَمْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ أُولَٰئِكَ سَوْفَ يُؤْتِيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئاجرىتىۋەتمىگەن (يەنى ھەممىسىگە ئىمان ئېيتقان) كىشىلەرگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ (تېگىشلىك) ئەجىرلىرىنى ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىپ قويمىغان كىشىلەرگە ئاللاھ (تېگىشلىك) ئەجىر ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمىگەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا يېقىندا ئەجرىلىرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  153. يَسْأَلُكَ أَهْلُ الْكِتَابِ أَنْ تُنَزِّلَ عَلَيْهِمْ كِتَابًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ فَقَدْ سَأَلُوا مُوسَىٰ أَكْبَرَ مِنْ ذَٰلِكَ فَقَالُوا أَرِنَا اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ بِظُلْمِهِمْ ۚ ثُمَّ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ فَعَفَوْنَا عَنْ ذَٰلِكَ ۚ وَآتَيْنَا مُوسَىٰ سُلْطَانًا مُبِينًا
    ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى سورايدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ زۇلمى سەۋەبلىك ئۇلارنى چاقماق سوقتى (يەنى ئاسماندىن بىر ئوت كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى). ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىن موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇساغا (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەردىن) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چاقماق سوقتى. روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلار موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇسانى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىلگە ئىگە قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن كىتاب چۈشۈرۈشىڭنى سورايدۇ. ئۇلار مۇسادىن ئۇنىڭدىن چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئوچۇق كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى زۇلۇم[64] قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن موزايغا چوقۇندى. ئاندىن بىز ئۇنى ئەپۇ قىلدۇق، بىز مۇساغا روشەن دەلىل بەردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (153-154) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە پەيغەمبەرلەر ھەققىدە، «بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىنى ئىنكار قىلىمىز» دېگەن ئەھلى كىتابنىڭ تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسماندىن (مۇسا ئەلەيھىسسالام تاختىلارغا يېزىلغان ھالەتتە ئېلىپ كەلگەن كىتابتەك) بىرەر كىتاب نازىل قىلىش تەلىپىنى قويغان يەھۇدىيلارنىڭ بۇ تەلىپىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسلىكى، چۈنكى ئۇلارنىڭ (ئەجدادىنىڭ) ئىلگىرى مۇساغا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ تەلەپ (ئاللاھنى ئاشكارا كۆرۈش تەلىپى) قويغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن جازالانغانلىقى، يامانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ موزايغا چوقۇنغانلىقى، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! يەھۇدىيلار سەندىن ئاسماندىن بىرەر كىتاب نازىل قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە ئەجەبلەنمىگىن، چۈنكى ئۇلار مۇسادىن تېخىمۇ چوڭ نەرسىنى تەلەپ قىلىپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى دەرھال شىددەتلىك گۈلدۈرماماغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئاندىن شۈكۈر قىلسۇن دەپ قايتا تىرىلدۈرگەن ئىدۇق. شۇنىڭدەك، ئۇلار شېرىك بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ موزايغا چوقۇنغان ۋە پەرقلىق شەكىلدە (چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈش شەكلىدە) تەۋبە قىلغاندىن كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلغان. بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇر تېغىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان، ئۇلار بۇ ئەھدىسىنى بۇزغان. بىز ئۇلارغا «شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار» دېگەن، ئۇلار بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىغان، بىز ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتكەن. بىز ئۇلارنى شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشتىن چەكلىگەن، ئۇلار بۇ چەكلىمىگە ھىيلە ئىشلىتىپ رىئايە قىلمىغان، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مايمۇنغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  154. وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
    (تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى تىكلەپ قويۇپ: «سىلەر بەيتۇلمۇقەددەس دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار» دېگەن ھەمدە: «شەنبىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار (يەنى بېلىق تۇتماڭلار)» دەپ، ئۇلاردىن مەھكەم ۋەدە ئالغان ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى كۆتۈردۇق ۋە ئۇلارغا: «دەرۋازىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبە كۈنىدە ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار» دېدۇق ۋە ئۇلاردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. — ئەنەس ئالىم

  155. فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ وَكُفْرِهِمْ بِآيَاتِ اللَّهِ وَقَتْلِهِمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَقَوْلِهِمْ قُلُوبُنَا غُلْفٌ ۚ بَلْ طَبَعَ اللَّهُ عَلَيْهَا بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
    ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيمىز) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)، بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيمىز) دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)، ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغانلىقى، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە «قەلبلىرىمىز پەردىلىكتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق[65]. بەلكى ئاللاھ ئۇ قەلبلەرنى ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن پېچەتلىۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاز ئىشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز يەھۇدىيلارغا لەنەت قىلدۇق ، چۈنكى ئۇلار بىزگە بەرگەن ئەھدىسىدە تۇرمىدى، ئايەتلەرنى ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى، «قەلبىمىز پەردىلەنگەن» دەپ سېنىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىدى. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ قەلبى پەردىلەنگەن ئەمەس، لېكىن ئۇلار كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قەلبلەرنى بىز پېچەتلىۋەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاز ئىشىنىدۇ يەنى مۇساغا، تەۋرات ۋە زەبۇرغا ئىشىنىدۇ. ئىيساغا، ئىنجىلغا، ساڭا ۋە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  156. وَبِكُفْرِهِمْ وَقَوْلِهِمْ عَلَىٰ مَرْيَمَ بُهْتَانًا عَظِيمًا
    يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق) — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار كافىر بولغانلىقى ۋە مەريەمگە چوڭ بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، ئۇلار ئىيسانى ۋە ئىنجىلنى ئىنكار قىلدى، مەريەمگە ناھايىتى چوڭ بوھتان چاپلىدى — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  157. وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِنْ شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ ۚ مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا
    يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋەلېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (يەنى ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى). ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    (ئۇلار) يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلار ئىيسانى ئۆلتۈرگەنمۇ ئەمەس، دارغا ئاسقانمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلارغا (باشقا بىرى ئىيساغا) ئوخشاش كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار ئىيسانى ئاستۇق دەپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى زادى ئۆلتۈرەلىگىنى يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «مەريەمنىڭ ئوغلى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىيسا مەسىھنى چوقۇم بىز ئۆلتۈردۇق» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى، لېكىن ئۇلارغا شۇنداق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ئەلۋەتتە شەك ئىچىدىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىلىمى يوق، لېكىن ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۇنى قەتئىي ئۆلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم

    ۋە: «بىز ئىيسانى ئۆلتۈردۇق» دېدى (بىز ئۇلارغا پۈتۈن بۇ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن لەنەت قىلدۇق). ئۇلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاسقىنىمۇ يوق، ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئىيساغا ئوخشىتىلغان بىر ئادەمنى ئىيسا دەپ ئويلاپ، ئۇنى ئاستى ۋە ئۆلتۈردى. «ئىيسانى ئاستۇق ۋە ئۆلتۈردۇق» دەپ، ئىيساغا ئوخشايدىغان ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەر ئۆزئارا: «ئۆلتۈرگىنىمىز ئىيسامۇ، ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىيسا بولسا، ئۇ ئادەم نەدە؟ ئۇ ئادەم بۇ بولسا ئىيسا نەدە؟» دەپ ئىختىلاپ قىلىشتى، چۈنكى ئۇلار ئىيسانىڭ ئوخشىشىنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئىيسا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيتتى، پەقەت گۇمان بىلەن ئىش قىلغان ئىدى. دېمەككى، ئۇلار ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەندە «چوقۇم ئىيسانى ئۆلتۈردۇق» دېگەن قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئۆلتۈرمىدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  158. بَلْ رَفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
    بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىغا كۆتۈردى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئەكسىچە ئىيسانى ئاللاھ ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى.. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىدۇر؛ ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىشقا قادىر، ھەر سۆزى راست، ھەر ئىشى مۇكەممەل ۋە ھەر ھۆكمى ئادىلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  159. وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا
    ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئىمانى ئەسقاتمايدۇ). ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    يەھۇدىي بولسۇن، خىرىستىيان بولسۇن ھەر بىر ئەھلى كىتاب ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى چوقۇم ئىيساغا ئىشىنىدۇ: ھەر يەھۇدىي ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىيسانىڭ «ۋەلىدىزىنا ۋە سېھىرگەر» ئەمەس، ئەكسىچە «ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ھەر خىرىستىيان ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىيسانىڭ «ئاللاھ، ئاللاھنىڭ ئوغلى، ئىلاھ، رەب» ئەمەس، ئەكسىچە «ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جان ھەلقۇمغا كەلگەندە ئېيتقان بۇ ئىمانلىرى پايدا بەرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  160. فَبِظُلْمٍ مِنَ الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ وَبِصَدِّهِمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ كَثِيرًا
    يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان يولسۇزلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كافىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەھۇدىيلار زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا، بۇرۇن ئۆزلىرىگە ھالال قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق[66]. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدىن كۆپ كىشىنى توسقانلىقى، — ئەنەس ئالىم

    (160-162) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى (155 ~ 159 -) ئايەتلەردە يەھۇدىيلار ئەھدسىنى بۇزغانلىقى ۋە باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا لەنەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەردە بولسا، يەھۇدىيلار زۇلۇم قىلىش، توغرا يولدىن توسۇش، چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق خازانىخورلۇق قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش قاتارلىق گۇناھلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ھالال قىلىنغان بەزى پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئانغا ۋە ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدىغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇلارغا ئۆزىنىڭ بۈيۈك مۇكاپات ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  161. وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
    يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزلىرى چەكلەنگەن تۇرۇپ ئۆسۈمنى ئالغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئۇلارغا ئۇ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن كافىر بولغۇچىلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق. — ئەنەس ئالىم

  162. لَٰكِنِ الرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ مِنْهُمْ وَالْمُؤْمِنُونَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ وَالْمُقِيمِينَ الصَّلَاةَ ۚ وَالْمُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالْمُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أُولَٰئِكَ سَنُؤْتِيهِمْ أَجْرًا عَظِيمًا
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغۇچىلارغا، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلاردىن ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقانلار ۋە مۇئمىنلار، ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. خۇسۇسەن نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچىلەر، زاكاتنى بەرگۈچىلەر، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگۈچىلەر قۇرئانغا ۋە ئۇ كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا يېقىندا كاتتا ئەجىر بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم

  163. إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَىٰ نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِنْ بَعْدِهِ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ ۚ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
    (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھىي قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھىي قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلەيمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، ئىيسا، ئەييۇب، يۇنۇس، ھارۇن ۋە سۇلەيمانلارغىمۇ ۋەھىي قىلغان ئىدۇق. بىز داۋۇدقا زەبۇر بەرگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئەھلى كىتابنىڭ ئاتىلىرى ھېسابلىنىدىغان پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن باشقا پەيغەمبەرلەرگە قانداق ۋەھىي نازىل قىلغان بولساق، ساڭىمۇ شۇنداق ۋەھىي نازىل قىلدۇق. ئۇلار قانداق پەيغەمبەر بولسا، سەنمۇ شۇنداق پەيغەمبەر. شۇنىڭدەك، بىز ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ قىسسەسىنى ساڭا بايان قىلدۇق، بەزىسىنىڭ قىسسەسىنى ساڭا بايان قىلمىدۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇساغا بىۋاسىتە گەپ قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  164. وَرُسُلًا قَدْ قَصَصْنَاهُمْ عَلَيْكَ مِنْ قَبْلُ وَرُسُلًا لَمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ ۚ وَكَلَّمَ اللَّهُ مُوسَىٰ تَكْلِيمًا
    بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار. ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) گەپ قىلغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلمىغان ئەلچىلەرنىمۇ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاللاھ مۇساغا گەپ قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئەھلى كىتاب بۇلارنى بىلىدۇ ۋە ئىشىنىدۇ، لېكىن ساڭا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ساڭا ئىشەنمەسلىكى سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭدە بىرەر نۇقسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى، تەرسالىقى ۋە تەقلىدچىلىكى سەۋەبىدىندۇر. شۇنى بىلگىنكى، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى، جۈملىدىن سېنىڭ ۋەزىپەڭ نازىل قىلىنغان ۋەھىينى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ (تەبلىغ قىلىپ)، قوبۇل قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش، قوبۇل قىلمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  165. رُسُلًا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
    ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ پەيغەمبەرلەرنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىشىمىز كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرلەر كەلگەندىن كېيىن (ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) ئاللاھ ئالدىدا باھانە كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى خۇش خەۋەر بەرگۈچىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلار قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۇ ئەلچىلەردىن كېيىن ئاللاھقا قارشى ھېچ باھانىسى بولمىسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارغا ئۆز ئىچىدىن پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ ھېكمىتى بولسا، قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ: «ئى ئاللاھ! بىزگە پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ توغرا يولدا ماڭغان بولاتتۇق. پەيغەمبەر ئەۋەتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن ياخشى - ياماننى ۋە توغرا - خاتانى ئايرىيالمىدۇق، شۇنداقلا خاتا يولدا مېڭىپ ھۇزۇرۇڭغا كەلدۇق» دەپ باھانە كۆرسەتمەسلىكىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  166. لَٰكِنِ اللَّهُ يَشْهَدُ بِمَا أَنْزَلَ إِلَيْكَ ۖ أَنْزَلَهُ بِعِلْمِهِ ۖ وَالْمَلَائِكَةُ يَشْهَدُونَ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
    (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمىسە گۇناھى ئۆزىگە) لېكىن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ قۇرئاننى (باشقىلار بىلمەيدىغان ئۆزىگە خاس) ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى. پەرىشتىلەرمۇ (ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھلىق بېرىدۇ، (باشقىلار گۇۋاھلىق بەرمىگەندىمۇ) ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد! بىر قىسىم كىشىلەر ساڭا ئىمان كەلتۈرمىگەن بىلەن) لېكىن ئاللاھ ئۆز ئىلمىنى ساڭا سىڭدۈرۈپ نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ يېتەرلىك ئىسپاتلىغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، لېكىن ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ ئىلمى بىلەن نازىل قىلغان قۇرئان ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىدۇ. پەرىشتىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر[67]. — ئەنەس ئالىم

    شۇڭلاشقا، ئەھلى كىتاب سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بەرمىسە (ئىشەنمىسە) قايغۇرمىغىن ۋە پەرۋا قىلمىغىن. سېنڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە مەن (ئاللاھ) قۇرئاننى ساڭا مۆجىزىلىك ھالەتتە نازىل قىلىش بىلەن گۇۋاھلىق بەرمەكتىمەن، مېنىڭ گۇۋاھلىقىم يېتەرلىكتۇر. شۇنىڭدەك، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە پەرىشتىلەرمۇ گۇۋاھلىق بەرمەكتىدۇر، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جىبرىئىل ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كۆزەتچىلەر ئارقىلىق ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە نازىل قىلىۋاتىمىز، جىددىي پەيتلىرىڭدە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يېنىڭغا ئەۋەتتۇق. دېمەككى، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى بىلمەكتە ۋە گۇۋاھلىق بەرمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  167. إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ قَدْ ضَلُّوا ضَلَالًا بَعِيدًا
    شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن قاتتىق ئازدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، كافىرلار ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن بەك ئېزىپ كەتكەنلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار قاتتىق ئازغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (167-169) ئاللاھ تائالا بۇ ئۈچ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان يەھۇدىيلارنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر دەرىجىدە ئېزىپ كەتكەنلىكى، ئۇلار بۇ ئازغۇنلۇقىغا زۇلۇم قوشۇپ ئەزۋەيلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇلارنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلارنى مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۆزىگە ئاسان ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلدۈرىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  168. إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَظَلَمُوا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ طَرِيقًا
    شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ (يەنى جەننەتنىڭ يولىغىمۇ) باشلىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ھەقنى ئىنكار قىلىپ) كافىر بولغان ۋە (كۇفرلىقتا چىڭ تۇرۇپ) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ باشلىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىر بولغان ۋە زۇلۇم قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  169. إِلَّا طَرِيقَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
    (ئۇلارنى) پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغا قويىۋىتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ (يەنى ئۇلارنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالدۇرۇش) ئاللاھقا ئاسان — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغىلا قويۇۋېتىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر. — ئەنەس ئالىم

  170. يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الرَّسُولُ بِالْحَقِّ مِنْ رَبِّكُمْ فَآمِنُوا خَيْرًا لَكُمْ ۚ وَإِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
    ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەق (دىن) ئېلىپ كەلدى. ئىمان ئېيتىڭلاركى، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار (يەنى كۇفرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار) (ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەت). چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، مۈلكىدۇر). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! بۇ پەيغەمبەر سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقنى ئېلىپ كەلدى، شۇڭا سىلەر ئىمان ئېيتىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق. ئەگەر كۇفرنى داۋاملاشتۇرساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! بۇ رەسۇل سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەقنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا ئىمان ئېيتىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلارنىڭ ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە دوزاخقا لايىق بولغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە بارلىق ئىنسانلارغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئىشىنىشنىڭ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولىدىغانلىقى، ئۇلار كۇفرىلىقنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق زىيان تارتمايدىغانلىقى، ھىدايەتكە لايىق بولغان كىشىنى بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقى، ئازغۇنلۇققا لايىق بولغان كىشىنىمۇ بىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئازدۇرىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقى (سۆزىنىڭ راست، ئىشىنىڭ توغرا ۋە ھۆكمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكى) قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  171. يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللَّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَىٰ مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۖ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ ۚ انْتَهُوا خَيْرًا لَكُمْ ۚ إِنَّمَا اللَّهُ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ سُبْحَانَهُ أَنْ يَكُونَ لَهُ وَلَدٌ ۘ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
    ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھقا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىيسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ (ئىيسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (خۇدا ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلار ھەققىدە ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەق گەپنىلا قىلىڭلار. مەسىھ ـ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئاللاھنىڭ مەريەمگە چۈشكەن كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھنى(ئىيسا بىلەن مەريەمنى قوشۇپ) ئۈچ دېمەڭلار، بۇ ئېتىقادىڭلاردىن يېنىڭلار، بۇ سىلەرگە پايدىلىقتۇر. ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىلىق بولۇشتىن (ئىبارەت مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپىتىدىن) پاك زاتتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئەھلى كىتاب! دىنىڭلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئاللاھ توغرىسىدا پەقەت ھەقنىلا سۆزلەڭلار. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مەسىھ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ مەريەمگە يەتكۈزگەن «بول» دېگەن سۆزى بىلەن بار بولغان. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن روھتۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشىنىڭلار. «ئۈچتۇر» دېمەڭلار[68]، بۇنداق دېيىشتىن يېنىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    (171-173) يۇقىرىدىكى بىرقانچە ئايەت (153 ~ 170 - ئايەتلەر) ئەھلى كىتابنىڭ يەھۇدىي قىسمى بىلەن، بۇ ئايەتلەر ئەھلى كىتابنىڭ خىرىستىيان قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. خىرىستىيانلار دىنىدا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ۋە ئاللاھ توغرىسىدا نالايىق سۆزلەرنى قىلغان ئىدى. مەسىلەن: ئۇلار: «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر»، «ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھ - ئىيسادۇر»، «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دېگەن سۆزلەرنى قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە بىرىنچى (171 -) ئايەتتە ئۇلارنى بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن مەنئى قىلىدۇ، ئۇلارغا ئىيسانىڭ ھەقىقىتىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى توغرا ئىمانغا دەۋەت قىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى، بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچى (172 -) ئايەتتە ئۇلار ھەددىدىن ئارتۇق ئۇلۇغلاپ نالايىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن ۋە ئىلاھ دەپ چوقۇنغان ئىيسانىڭ ئەسلىدە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدىغانلىقىنى ۋە باش تارتمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۈچىنچى (173 -) ئايەتتە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتقان ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  172. لَنْ يَسْتَنْكِفَ الْمَسِيحُ أَنْ يَكُونَ عَبْدًا لِلَّهِ وَلَا الْمَلَائِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ ۚ وَمَنْ يَسْتَنْكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيْهِ جَمِيعًا
    مەسىھمۇ، (ئاللاھقا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ. كىملەركى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مەسىھمۇ، ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرىمۇ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەسىھ ئاللاھقا بەندە بولۇشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ. ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇلغان پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ. كىم ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا يىغىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  173. فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدُهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ اسْتَنْكَفُوا وَاسْتَكْبَرُوا فَيُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَلَا يَجِدُونَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ، نېمىتىنى ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، (ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەجرىلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە ئۆز پەزلىدىن ئۇلارغا زىيادە ئىنئام ئاتا قىلىدۇ. باش تارتقان ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ[69].‏ — ئەنەس ئالىم

  174. يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمْ بُرْهَانٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ نُورًا مُبِينًا
    ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (شانلىق مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت) ئوچۇق دەلىل كەلدى، سىلەرگە روشەن نۇرنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەسكىن دەلىل كەلدى، سىلەرگە پارلاق نۇر (يەنى قۇرئان) نى نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن كەسكىن دەلىل كەلدى. بىز سىلەرگە پارلاق نۇر نازىل قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا كافىرلارنىڭ جەمئىيەتتىكى تۈرلىرى بولغان مۇشرىك، مۇنافىق، يەھۇدىي ۋە ناسارا (خىرىستىيان)لارنى زىكىر قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارغا «دەلىل» كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا «پارلاق نۇر» نازىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. «دەلىل» - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت دېگەن بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ئىلاھىي كىتابلاردىكى سۈپەتلىرىنى ۋە پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بېشارەتلەرنى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىدىكى ۋە كائىناتتىكى مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، «دەلىل» - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان، ھاياتىنىڭ ھېچبىر باسقۇچىدا ھېچقانداق مەكتەپ كۆرۈپ باقمىغان، بىرەر مۇئەللىمدىن دەرس ئالمىغان، ھېچقانداق كىتاب ئوقۇپ باقمىغان، قۇرئاندىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلىملەردىن تامامەن خەۋەرسىز بولغان بىر كىشىنىڭ 40 ياشقا كىرگەندە ھەر جەھەتتىن ئالەمشۇمۇل مۆجىزە كىتاب بولغان قۇرئاننى ئوقۇشقا ۋە يەتكۈزۈشكە باشلىشى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئوقۇغىنىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. «پارلاق نۇر» بولسا، قۇرئان كەرىمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  175. فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَاعْتَصَمُوا بِهِ فَسَيُدْخِلُهُمْ فِي رَحْمَةٍ مِنْهُ وَفَضْلٍ وَيَهْدِيهِمْ إِلَيْهِ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
    ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا چىڭ تۇرغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتى ۋە پەزلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، توغرا يولغا باشلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ پاناھىغا سېغىنغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنى رەھمىتى ۋە ئىلتىپاتىغا كىرگۈزىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىگە يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا باشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىنقى (174 -) ئايەتتە بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەن، شۇنداقلا ئاللاھقىلا تايىنىپ ياشىغانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار بايان قىلىنىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئىلتىپاتى ۋە ھىدايىتى بولۇپ، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىش ۋە ئاللاھقىلا تايىنىپ ياشاشنىڭ مۇكاپاتى ئەنە شۇلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  176. يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ئاتا ـ ئانىسى، بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق) پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتا ـ ئانىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ؛ ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ تەرەكىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ. ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ (يەنى مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ). ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار تەرەكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىنى ئالىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ. ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتا ـ ئانىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولۇپ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسىلا بولسا، ئۇ ھەمشىرىسى مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ھەمشىرىسىنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ (يەنى مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ)، ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ، ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ئۈلۈشى بېرىلىدۇ، ھەقتىن ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ سىلەرگە ئاتىسى ۋە بالىسى يوق ھالەتتە ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ - ئەگەر بىر ئەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ھېچ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسىلا بولسا، مىراسنىڭ يېرىمى بۇ ھەمشىرىگە تېگىدۇ. ناۋادا ۋاپات بولغان كىشى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشىلا بولسا، مىراسنىڭ ھەممىسىنى بۇ قېرىندىشى ئالىدۇ. ئەگەر ھەمشىرە ئىككى بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ھەم  ئەر ھەم ئايال قېرىنداشلار بولسا، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ئۈلۈشىگە ئوخشاش ئۈلۈش تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ۋاپات بولغۇچىنىڭ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى ئاتا - ئانىسى بىر ياكى ئاتىسى بىر ۋە ياكى ئانىسى بىر بولۇپ جەمئىي ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ ۋاپات بولغان قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئېلىشىنىڭ ئىككى شەرتى بار: بىرى ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئانىسى بولماسلىقى (بۇ ئانا ئۇلارنىڭمۇ ئانىسىدۇر)، يەنە بىرى بالىسى بولماسلىقى. ئۇلارنىڭ ئۈلۈش نىسبىتى ئۆزلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ: ئەگەر ۋارىس بولغىنى ئانا بىر قېرىنداش ياكى ئانا بىر ھەمشىرە بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئۇنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولۇشىنىڭ پەرقى يوق. ئەگەر ۋارىس بولغان ئۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىردىن كۆپ بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئۇلار بۇنى ئوخشاش نىسبەتتە بۆلۈشىدۇ. يەنى ئۇلار ھەر ئېھتىمالدا ئانىنىڭ ئۈلۈشىنى ئالىدۇ. بۇ ھۆكۈم 12 - ئايەتتە بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر» بولسا، ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئاتا بىر ياكى ئاتا - ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) ئاتا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى. ئۇلارنىڭ ۋاپات بولغان قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئېلىشى ئۈچۈن ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئاتىسى (بۇ ئاتا ئۇلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر) ۋە بالىسى بولماسلىقى شەرت. ئۇلارنىڭ ئۈلۈش نىسبىتى ئۆزلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ: ئەگەر ۋاپات بولغۇچى ئەر، ھاياتتا قالغىنى بىر ھەمشىرە بولسا، مىراسنىڭ يېرىمى بۇ ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ھاياتتا قالغان ھەمشىرىلەر ئىككى ۋە ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئۇلار بۇنى ئۆز ئارا ئوخشاش نىسبەتتە بۆلۈشىدۇ . ئەگەر ئۇ ۋارىسلار ئوغۇل - قىز ئارىلاش قېرىنداشلار بولسا، مىراس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوغۇلغا ئىككى ئۈلۈش، قىزغا بىر ئۈلۈش پىرىنسىپى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغىنى ھەمشىرە، ھاياتتا قالغىنى قېرىندىشى بولسا، مىراسنىڭ ھەممىسى بۇ قېرىندىشىغا تېگىدۇ. 2) ئاتا - ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ ئۈلۈشلىرى. ئۇلارغا ۋاپات بولغان قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ مىراسىدىن تۆۋەندىكى ئېھتىماللارنىڭ بىرىدە ئۈلۈش تېگىدۇ ۋە تېگىدىغان ئۈلۈشنىڭ مىقدارى ھەر ئېھتىمالدا پەرقلىق بولىدۇ: (1) مېيىتنىڭ ئانىسى ۋە بالىسى بولمىغان ئېھتىمال. بۇ تەقدىردە بۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر 12 - ئايەتتە بايان قىلىنغان «ئانا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر»نىڭ قاتارىدا ئانىسىنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشىنى شۇ ئايەتتە بەلگىلەنگەن بويىچە بۆلۈشىدۇ، چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئانا تەرەپتىن، پەقەت ئانىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر. (2) مېيىتنىڭ ئاتىسى ۋە بالىسى بولمىغان ئېھتىمال. بۇ تەقدىردە بۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر مۇشۇ (176 -) ئايەتتە بايان قىلىنغان «قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر»نىڭ قاتارىدا ئاتىسىنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشىنى بۇ ئايەتتە بەلگىلەنگەن بويىچە بۆلۈشىدۇ، چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئاتا تەرەپتىن، پەقەت ئاتىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر. (3) مېيىتنىڭ ئاتىسى، ئانىسى ۋە بالىسى بولمىغان ئېھتىمال. بۇ تەقدىردە بۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر ئىككى تەرەپتىن ئۈلۈش ئالىدۇ. بىرى 12 - ئايەتتە بايان قىلىنغان «ئانا قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر»نىڭ قاتارىدا ئانىسىنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشىنى ئۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى بىلەن شۇ ئايەتتە بەلگىلەنگەن بويىچە بۆلۈشىدۇ، چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئانا تەرەپتىن پەقەت ئانىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر. يەنە بىرى مۇشۇ (176 -) ئايەتتە بايان قىلىنغان «قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر»نىڭ قاتارىدا ئاتىسىنىڭ (ھاياتتا بولغان تەقدىردىكى) ئۈلۈشىنى ئۇ قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى بىلەن بۇ ئايەتتە بەلگىلەنگەن بويىچە بۆلۈشىدۇ، چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئاتا تەرەپتىن، پەقەت ئاتىسىلا بىر قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر. مەسىلەن: بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە بالىسى ھاياتتا بولماي پەقەت ئانا بىر قېرىنداش، بىرى ئاتا بىر قېرىنداش، بىرى ئاتا - ئانا بىر قېرىنداش ۋە بىرى ئاتا - ئانا بىر ھەمشىرە بولۇپ، جەمئىي تۆت قېرىندىشى بولسا، مىراس تۆۋەندىكىدەك تەقسىم قىلىنىدۇ: مىراس ئالتىگە بۆلۈنىدۇ، ئالتىدىن بىرى ئۈچكە ئايرىلىپ، بىرى پەقەت ئانا بىر قېرىنداشقا، بىرى ئاتا - ئانا بىر قېرىنداشقا ۋە بىرى ئاتا - ئانا بىر ھەمشىرىگە تېگىدۇ. چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئانا تەرەپتىن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر. قالغان بەش ئۈلۈشنىڭ بىرى مېيتىنىڭ ئاتا - ئانا بىر ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ، قالغان تۆت ئۈلۈشتىن ئىككىسى ئاتا بىر قېرىندىشىغا، ئىككىسى ئاتا - ئانا بىر قېرىندىشىغا تېگىدۇ، چۈنكى بۇلار مېيىتقا ئاتا تەرەپتىن ئوخشاش دەرىجىدە يېقىندۇر. ناۋادا ئۇلاردىن ھەمشىرىمۇ مېيىت بىلەن ئانىسى باشقا پەقەت ئاتا بىر قېرىنداش بولسا، بۇ تەقدىردە مىراس يۇقىرىدىكىدەك ئالدى بىلەن ئالتىگە بۆلۈنىدۇ، ئالتىدىن بىرى ئىككىگە بۆلۈنۈپ بىرىنى ئانا بىر قېرىنداش، بىرىنى ئاتا - ئانا بىر قېرىنداش ئالىدۇ. قالغان بەش ئۈلۈشنىڭ بىرىنى ھەمشىرە، تۆتنىڭ ئىككىسىنى ئاتا بىر قېرىنداش، ئىككىسىنى ئاتا - ئانا بىر قېرىنداش ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى