نەھىل سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 128 ئايەتمەنىسى: ھەسەل ھەرىسى. ئاتىلىش سەۋەبى: ھەسەل ھەرىسىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (68~69-ئايەتلەر)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَتَىٰ أَمْرُ اللَّهِ فَلَا تَسْتَعْجِلُوهُ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ پەرمانى چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلدى، ئۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلماڭلار. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئازابقا پات يېقىندا دۇچار قىلىنىسىلەر، چۈنكى قىيامەت كۈنى يېقىنلاشتى، ئۇ چوقۇم قايىم بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُنَزِّلُ الْمَلَائِكَةَ بِالرُّوحِ مِنْ أَمْرِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ أَنْ أَنْذِرُوا أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاتَّقُونِ
ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە) پەرىشتىلەرنى ۋەھىي بىلەن نازىل قىلىپ (مۇنداق دەيدۇ): «(ئىنسانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن (يەنى ئازابىمدىن) قورقۇڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە خالىغان بەندىلىرىگە پەرىشتىلەرنى ۋەھيى بىلەن نازىل قىلىپ -مۇنداق دەيدۇ-: «ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلاركى، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەندىن قورقۇڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئۆز ئەمرى بويىچە رۇھ بىلەن خالىغان بەندىلىرىگە چۈشۈرۈپ[1]، ئۇلارغا: «‹مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار› دېگەن ھۆكمىم بىلەن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! بىلىڭلاركى: ئاللاھ ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە، بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى تاللاپ، پەرىشتىلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا، «ئىنسانلارنى شېرىكتىن ئاگاھلاندۇرۇڭلار، ئۇلارغا مەندىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى ۋە ماڭا بويسۇنۇشى لازىملىقىنى ئۆگىتىڭلار» دەپ ۋەھىي نازىل قىلىپ كەلگەن. جۈملىدىن مۇھەممەدنىمۇ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن تاللاپ، ئۇنى سىلەرنى شېرىكتىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئىبادەتنى ئۆزىگىلا (ئاللاھقىلا) قىلىشقا دەۋەت قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ مۇھەممەدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشىدىن ئەجەبلىنىشىڭلار ئورۇنسىزلىق، ئىنكار قىلىشىڭلار ھەقسىزلىقتۇر. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «رۇھ» - ۋەھىي دېگەن بولىدۇ. «ۋەھىي»نىڭ «رۇھ» دېيىلىشى ئۇنىڭ بىلەن رۇھلار تىرىلگەنلىكى ئۈچۈندۇر. پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان «ۋەھىي»نىڭ ئورتاق ئىسمى «رۇھ»تۇر، مەزمۇنى «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار»دىن ئىبارەتتۇر . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ تَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن يۈكسەكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن يۈكسەكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى، ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى، ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلاش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئۇلارغا تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش، ئۇلاردىن شۈكۈر قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئاندىن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. ئەنە شۇ ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٌ مُبِينٌ
ئۇ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇ بولسا (ئاللاھقا) ئاشكارا خۇسۇمەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ناگاھان ئۇ ئاللاھقا ئاشكارا خۇسۇمەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئىنساننى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتى. ئاندىن ئۇ بىردىنلا ئاللاھقا ئاشكارا مۇخالىپلىق قىلغۇچىغا ئايلاندى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئىنساننى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتى. ئۇنى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا باسقۇچتىن - باسقۇچقا ئۆتكۈزۈپ ئاخىرقى شەكلىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن ئىچىگە روھ پۈۋلىدى، ئاندىن ئۇنى ناھايىتى ئاجىز ۋە ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە بۇ دۇنياغا كەلتۈردى، ئاندىن ئۇنى نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىپ چوڭ قىلىپ قويسا، ئۇ دەرھال ئۆزىنى ياراتقان ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگەن رەببىگە قارشى چىقىدىغان، ئۇنىڭ قۇدرىتىنى سەل چاغلايدىغان ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلىپ شېرىك كەلتۈرىدىغان بولدى. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى ئىنسان، ئەقلىنىڭ ئۈندەشلىرىگە پەرۋا قىلمىغان ۋە فىترىتىنىڭ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالمىغان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كىتابىغا بويسۇنمىغان يامان ئىنساننى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ياخشى ئىنسان ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ۋە كائىناتنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىدۇ - دە، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تونۇپ يېتىدۇ، ئاللاھنىڭ يەككە -يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىمانىنىڭ تەلىپى بويىچە ياشايدۇ، نەتىجىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالْأَنْعَامَ خَلَقَهَا ۗ لَكُمْ فِيهَا دِفْءٌ وَمَنَافِعُ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار (نىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى) بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلار (نىڭ نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغى) دىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلار (نىڭ گۆشلىرى) نى يەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ﷲ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلارنىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلاردىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن ئىسسىتقۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى سىلەرگە يارىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ تېرە - تەرسەك، يۇڭ، چۇپۇر ۋە تىۋىتلىرىدىن، سوغۇقتىن ساقلايدىغان تۈرلۈك كىيىم - كېچەكلەرنى تەييارلاپ كىيىسىلەر، گىلەم، كىگىز - پالاس، يوتقان - كۆرپە ۋاھاكازا،... لارنى ئېتىپ ئىشلىتىسىلەر، ئۇلارنىڭ سۈتلىرىنى سېغىپ ئىچىسىلەر، سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىپ ئىستېمال قىلىسىلەر، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ پايدىلىنىسىلەر. ئۇلارنىڭ گۆش - ياغلىرىدىن يەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَكُمْ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسْرَحُونَ
ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، چارۋا ماللار سىلەرگە زىننەت بولۇپ (خۇشاللىق بېغىشلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، چارۋا ماللار سىلەرگە زىننەت بولۇپ -خۇشاللىق بېغىشلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن ئېلىپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ بارغان چاغلىرىڭلاردا زوق ئالىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئۇ ھايۋانلار كەچتە ئوتلاقتىن قايتىپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ماڭغان چاغلىرىدا سىلەرگە زوق ۋە گۈزەللىك بېغىشلايدۇ: سىلەر ئۇلارنى كەچتە يايلاقتىن قورساقلىرى تويغان ھالدا قوتانلىرىغا قايتقانلىقىنى، ئەتىگەندە ئوتلاش ئۈچۈن قوتانلىرىدىن يايلاققا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن زوق ئالىسىلەر، سۆيۈنچ ھېس قىلىسىلەر، كۆزلىرىڭلاردىن مەمنۇنىيەتلىك ئۇچقۇنلىرى چاقنايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىگىسى بولۇش، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش، شۇنداقلا تۇرمۇشۇڭلارنى مەمۇرچىلىقتا ئۆتىدىغانلىقىدىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىش... قاتارلىق تۇيغۇلار سىلەرنى سۆيۈندۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَحْمِلُ أَثْقَالَكُمْ إِلَىٰ بَلَدٍ لَمْ تَكُونُوا بَالِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ الْأَنْفُسِ ۚ إِنَّ رَبَّكُمْ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
ئۇلار يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا ـ مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا ـ مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، سىلەرنىڭ رەببىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سىلەر جاپا - مۇشەققەتسىز بارالمايدىغان يىراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى توشۇيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە (تۆگە ۋە بۇقا - ئۆكۈزلەرگە) يۈكلىرىڭلارنى ئارتىپ، ناھايىتى جاپا - مۇشەققەت بىلەن بارىدىغان جايلارغا ئېلىپ بارىسىلەر. ئۇ ھايۋانلارنى يارىتىپ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن رەببىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالْخَيْلَ وَالْبِغَالَ وَالْحَمِيرَ لِتَرْكَبُوهَا وَزِينَةً ۚ وَيَخْلُقُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئات، قېچىر ۋە ئېشەكلەرنى ئۇلاغ قىلىپ مىنىشىڭلار ۋە يۈك توشۇشىڭلار، شۇنداقلا ئۇلاردىن زوق ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يارىتىپ بەردى. ئاللاھ يېقىندا سىلەرگە يەنە باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرى (پىل، بوغا، ھەر تۈرلۈك ماشىنا، كېمە، پويىز ۋە ئايروپىلانلار)نىمۇ يارىتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَلَى اللَّهِ قَصْدُ السَّبِيلِ وَمِنْهَا جَائِرٌ ۚ وَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ
توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ
توغرا يول كۆرسىتىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇ يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەزى ئىنسانلار ئۇ يولغا يېقىنلاشمايدۇ، قوبۇل قىلمايدۇ . ئاللاھ خالىسا ئىدى ھەممىڭلارنى ھىدايەت قىلغان بولاتتى. ئاللاھ ھەممىڭلارنى ئەمەس، ئەكسىچە گۇمراھلىقتىن يېنىپ ھىدايەتنى قوبۇل قىلغانلارنىلا ھىدايەت قىلىشنى خالىدى. ئاللاھ 1 ~ 9 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارغا جاۋاب بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئۆزىنىڭ قۇدرەت ۋە رەھمىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ تەۋھىدنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ھىدايەت قىلىشتىكى قانۇنىنى ئۇقتۇرىدۇ. 10 - ئايەتتىن 19 - ئايەتكىچە ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ قۇدرەت ۋە رەھمىتىنىڭ باشقا بىر قىسىم دەلىللىرىنى بايان قىلىپ تەۋھىدنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً ۖ لَكُمْ مِنْهُ شَرَابٌ وَمِنْهُ شَجَرٌ فِيهِ تُسِيمُونَ
ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئارقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئاقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. سىلەر ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر، ماللىرىڭلارنى ئوتلىغىلى قويۇۋېتىدىغان ئوتلاقلىرىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(10-11) ئى ئىنسانلار! ئىچىشىڭلار، تاماق ئېتىپ يېيىشىڭلار ۋە پاكلىنىشىڭلار ھەمدە ئاشلىقلار، ھەر تۈرلۈك مېۋە، ئوتياش، ئوت - چۆپ... قاتارلىق لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاسماندىن (ئۈستۈن تەرىپىڭلاردىن) سۇ چۈشۈرۈپ بېرىشى سىلەرگە قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرەت، ئىلىم، ھېكمەت ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىلىنى چۈشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُنْبِتُ لَكُمْ بِهِ الزَّرْعَ وَالزَّيْتُونَ وَالنَّخِيلَ وَالْأَعْنَابَ وَمِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىلەر ئۈچۈن ئېكىنلەر، زەيتۇنلار، خورمىلار، ئۈزۈملەر ۋە خىلمۇخىل مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرمەكتە. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار[2]. — ئەنەس ئالىم
-
وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ وَالنُّجُومُ مُسَخَّرَاتٌ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى، قۇياش بىلەن ئاينى خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن خىزمىتىڭلارغا بويسۇندۇرۇلماقتا. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ كېچە، كۈندۈز، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىشىمۇ سىلەرگە قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغانلار ئاللاھنىڭ قۇدرەت، ئىلىم، ھېكمەت ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا ذَرَأَ لَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَذَّكَّرُونَ
ئاللاھ يەنە يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى (سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى)، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ يەنە يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۆزى زېمىندا ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرنىمۇ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئويلىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ يەر يۈزىدە ياراتقان شەكلى، رەڭگى، مەھسۇلاتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى پەرقلىق ھەر تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ۋە دەل - دەرەخلەرنى، خىلمۇخىل ھايۋانلار ۋە رەڭگارەڭ تاغلارنى، يەر ئاستىدا ياراتقان تۈرلۈك - تۈمەن مەدەنلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بېرىشىمۇ سىلەرگە قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئويلىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن قارايدىغانلار ئاللاھنىڭ قۇدرەت، ئىلىم، ھېكمەت ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىلىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي سَخَّرَ الْبَحْرَ لِتَأْكُلُوا مِنْهُ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُوا مِنْهُ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گۆشلىرى (يەنى بېلىقلىرى) نى يېسۇن، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرۇشى بىلەن يېمەك ـ ئىچمەكلەر ۋە يۈك ـ تاقلار قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى دېڭىز (جانلىقلىرى) نىڭ يېڭى گۆشلىرىنى يېسۇن، (ئۈنچە-مارجانلاردىن ئىبارەت) تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. سەن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن يېڭى گۆش يېيىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى - سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن - ھەمدە ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ دېڭىزلارنى يارىتىپ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بېرىشىمۇ سىلەرگە ئاتا قىلغان بىر ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھ بۇ ئىلتىپاتنى سىلەرگە، دېڭىزلاردىن ھەر تۈرلۈك بېلىقلارنى تۇتۇپ يېڭى گۆش يېيىشىڭلار، ئۈنچە - مارجان ۋە مەرۋايىتلارنى چىقىرىپ پايدىلىنىشىڭلار، كېمە ۋە پاراخوتلاردا شەھەردىن شەھەرگە، رايوندىن رايونغا، قىتئەدىن قىتئەگە ساياھەت قىلىشىڭلار ۋە تىجارەت قىلىشىڭلار، شۇنداقلا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَلْقَىٰ فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِكُمْ وَأَنْهَارًا وَسُبُلًا لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى بەرپا قىلدى، (زىرائەتلىرىڭلارنى ، چارۋا -ماللىرىڭلارنى سۇغىرىشىڭلار ئۈچۈن) ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى، ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن يوللارنى پەيدا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردى، (پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى، ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن يوللارنى ۋە بەلگىلەرنى بەرپا قىلدى. ئىنسانلار يۇلتۇزلار بىلەنمۇ يول تاپىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدى، سۈيىدىن پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۆستەڭلەرنى ۋە يولۇڭلارنى تاپالىشىڭلار ئۈچۈن يوللارنى پەيدا قىلدى، — ئەنەس ئالىم
(15-16) ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ئورنىتىپ زېمىننى تەۋرەپ كېتىشتىن ساقلىشى، ئاسماندىن يامغۇر، قار، مۆلدۈر ياغدۇرۇپ سۇلىرىنى دەريا ۋە ئۆستەڭلەردە ئېقىتىپ بېرىشى، زېمىندا ھەر تۈرلۈك يوللارنى بار قىلىشى، كۈندۈزى ماڭغاندا ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن زېمىندا تاغ، دۆڭ، تۆپىلىك، دوقمۇش، شامالنىڭ يۆنىلىشى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، دەرەخ،.. دېگەندەك يول ئالامەتلىرىنى قىلىپ بېرىشى، كېچىسى ماڭغان چېغىڭلاردا ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاسماندا بەزى يۇلتۇزلارنى يول ئالامىتى قىلىپ بېرىشى سىلەرگە قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَلَامَاتٍ ۚ وَبِالنَّجْمِ هُمْ يَهْتَدُونَ
(يوللارغا) بەلگىلەرنى قىلدى. ئۇلار (كېچىسى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزلاردا) يۇلتۇزلار بىلەن يول تاپىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
— تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يەنە نۇرغۇن ئالامەتلەرنى پەيدا قىلدى. ئىنسانلار يۇلتۇزلار بىلەنمۇ يوللىرىنى تاپالايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أَفَمَنْ يَخْلُقُ كَمَنْ لَا يَخْلُقُ ۗ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
(پۈتۈن كائىناتنى) ياراتقان ئاللاھ بىلەن (ھېچ نەرسىنى) يارىتالمايدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟ ئويلىمامسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ياراتقان ئاللاھ بىلەن ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان كىشى ئوخشاش بولامدۇ؟ ئويلىمامسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
يارىتالايدىغان زات، يارىتالمايدىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ يەنىلا ئويلانمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ نېمەتلەرنى ياراتقان ئاللاھ بىلەن سىلەرنىڭ ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان مەبۇدلىرىڭلار ئوخشاش بولامدۇ؟ سىلەر ئۇ نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر، نېمىشقا ئۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش لازىملىقىنى ئەسلەپ، ئىبادەتنى شۇ ئاللاھقىلا قىلمايسىلەر؟ نېمىشقا ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرىسىلەر؟ شۇنچىۋالا نېمەتلەرنى يارىتىپ سىلەرگە بەرگەن قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا، ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان ۋە چوقۇنغۇچىلىرىغا بىرەر پايدا يەتكۈزۈش تۈگۈل ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرنى شېرىك كەلتۈرۈش ئەقىلگە سىغامدۇ؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَةَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا ۗ إِنَّ اللَّهَ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
ئەگەر ئاللاھنىڭ (سىلەرگە بەرگەن) نېمىتىنى سانىساڭلار ، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەر (نىڭ بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىڭلار) نى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى سانىماقچى بولساڭلار، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمىتىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ھېسابسىز بولۇپ، ئۇلارنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر، شۇنداقلا ئۇلارغا لايىق رەۋىشتە شۈكۈرمۇ قىلالمايسىلەر. ئۇنداقتا كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە تائەت - ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى مەغپىرەت قىلىپ، ھىمايىسىگە ئالىدۇ ۋە ئىنئام قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭ زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ
ئاللاھ سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغاننىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارا قىلغاننىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىز بولۇپ، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا بارلىق قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ۋاقتى كەلگەندە بىر - بىرلەپ ھسابىنى ئالىدۇ. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار سىلەرنىڭ ھېچبىر قىلمىشىڭلارنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا دىققەت قىلىڭلار، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتىن ساقلىنىڭلار، دەرھال تەۋبە قىلىپ مۇئمىنلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇڭلار. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى 1 ~ 19 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ ۋە نۇبۇۋۋەتنىڭ دەلىللىرىنى بىلدۈرىدۇ، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 20 - باشلاپ 25 - ئايەتكىچە بولسا، تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلەپ مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ
ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغانلىرى (يەنى بۇتلىرى) ھېچ شەيئىنى يارىتالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر (يەنى ئىنسانلار تەرىپىدىن ياسالغاندۇر) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغانلىرى ھېچ شەيئىنى يارىتالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان (يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىشىنى تىلەۋاتقان) مەبۇدلىرى ھېچ نەرسە يارىتالمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْوَاتٌ غَيْرُ أَحْيَاءٍ ۖ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ
ئۇلار (يەنى بۇتلار) تىرىك ئەمەس، ئۆلۈكتۈر ، ئۇلار (چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ) قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار تىرىك ئەمەس، ئۆلۈكتۈر، ئۇلار قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆلۈكتۇر، تىرىك ئەمەستۇر، قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان مەبۇدلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇ مەبۇدلار ئۆلۈكتۇر، تىرىك ئەمەستۇر. قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولۇشىنى ۋە قايتا تىرىلىشنىڭ قاچان ئەمەلگە ئېشىشىنى بىلمەيدۇ. مۇشرىكلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئاجىز نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ. ئەسكەرتىش: مۇشرىكلار چوقۇنغان كىشىلەر ۋە نەرسىلەر قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىللىقلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆزلىرىنىڭ چوقۇنۇلۇشىغا رازى بولغانلار ۋە بۇتلار، ئۆز مەبۇدلىرى بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا تاشلىنىدۇ. لېكىن ئۆزلىرىنىڭ چوقۇنۇلۇشىغا رازى بولمىغان ياخشىلار ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا چوقۇنغۇچىلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. مەسىلەن: مەريەم ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، ئۇزەير ئەلەيھىسسالام، پەرىشتىلەر ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ياخشى بەندىلەر بەزى مۇشرىكلار تەرىپىدىن چوقۇنۇلغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ مۇشرىكلارنىڭ قىلمىشىدىن جاۋابكار بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ فَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ قُلُوبُهُمْ مُنْكِرَةٌ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، (ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى بۇنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، باش تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى بۇ ھەقىقەتنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! چوقۇنۇشۇڭلار كېرەك بولغان ئىلاھىڭلار ئاللاھ بىر بولۇپ، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى بۇ تەۋھىدنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن تەۋھىدنى رەت قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا جَرَمَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْتَكْبِرِينَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستتىنلا بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستتىنلا بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شەك - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغان نەرسىلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ چوڭچىلىق قىلغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارغا ئۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ مَاذَا أَنْزَلَ رَبُّكُمْ ۙ قَالُوا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار (مەسخىرە قىلىپ): «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى (نازىل قىلدى)» دېيىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «رەببىڭلار نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى» دېيىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «رەببىڭلار نازىل قىلغان نەرسە نېمە؟» دېيىلسە، «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلارغا «رەببىڭلار، ئەلچىسى مۇھەممەدكە نازىل قىلغان نەرسە نېمىدۇر؟» دېيىلسە، مەسخىرە قىلىپ: «ئەسلىدە بىر نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، مۇھەممەدنىڭ: ‹ماڭا نازىل قىلىندى› دەپ ئوقۇۋاتقىنى بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِيَحْمِلُوا أَوْزَارَهُمْ كَامِلَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۙ وَمِنْ أَوْزَارِ الَّذِينَ يُضِلُّونَهُمْ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن (يۇقىرىقى بوھتان سۆزلەرنى قىلدى)، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىغا تولۇق جاۋابكار بولۇشلىرى ۋە ئۆزلىرى تەرىپىدىن بىلمەستىن ئازدۇرۇلغانلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىغا ئۆزلىرى جاۋابكار بولۇشلىرى ئۈچۈن -يۇقىرىقى بوھتان سوزلەرنى قىلدى-، ئۇلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغىنى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىيامەت كۈنى ھەم ئۆز گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۈدىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى تەرىپىدىن ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئازدۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىنمۇ يۈدىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ يۈدۈۋالغان يۈكلىرى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلار قۇرئان ھەققىدە ئەنە شۇنداق ناشايان سۆزلەرنى قىلىپ، ئىنسانلارنى قۇرئاندىن توسىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ نەتىجىسىدە، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەندە قەبرىلىرىدىن مەھشەرگاھقا، ئۆزلىرى قۇرئانغا بويسۇنمىغانلىقنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەرنى قۇرئاندىن توسقانلىقنىڭ گۇناھلىرىنى يۈدۈگەن ھالەتتە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار يۈدۈپ كەلگەن گۇناھ يۈكلىرى نېمىدېگەن يامان يۈكلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَدْ مَكَرَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَأَتَى اللَّهُ بُنْيَانَهُمْ مِنَ الْقَوَاعِدِ فَخَرَّ عَلَيْهِمُ السَّقْفُ مِنْ فَوْقِهِمْ وَأَتَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىرلار (ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ھىيلە ـ مىكىر) بىناسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (بۇ بىنانىڭ) ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا ئۆزلىرى ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كاپىرلار -ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە- ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ -ھىيلە ـ مىكىر- بىناسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىنانىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا ئۆزلىرى ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ھىيلە - مىكىر قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىر بىنالىرىنى ئۇللىرىدىن يىقىتىپ تاشلىدى - دە، تورۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇ ئازاب ئۇلارغا، ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭ ساڭا تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھىيلە - مىكىر قىلدى. بۇلاردىن ئىلگىرىكى قەۋملەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ دەۋىتىنى توختىتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۇلارغا ئەگىشىشتىن توسۇش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل يولىدا تۇتۇش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھىيلە - مىكىر قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى بەربات قىلدى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا چۈشۈرۈپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى بولۇپ، ھەقىقەتكە قارشى ھىيلە - مىكىر قىلغانلارغا ئىجرا قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يُخْزِيهِمْ وَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَائِيَ الَّذِينَ كُنْتُمْ تُشَاقُّونَ فِيهِمْ ۚ قَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ إِنَّ الْخِزْيَ الْيَوْمَ وَالسُّوءَ عَلَى الْكَافِرِينَ
ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىدۇ، (ئۇلارغا كايىپ) «مېنىڭ شېرىكلىرىم قېنى قەيەردە؟ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا (پەيغەمبەرلەر بىلەن) مۇنازىرىلىشەتتىڭلارغۇ؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەر ۋە ئۆلىمالار): «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە ئازاب ھەقىقەتەن كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىدۇ، ۋە ئۇلارغا كايىپ: «مېنىڭ شېرىكلىرىم قېنى قەيەردە؟ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا -پەيغەمبەرلەر بىلەن- مۇنازىرىلىشەتتىڭلارغۇ؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىگەنلەر: «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە ئازاب ھەقىقەتەن كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا: «سىلەر تەرەپدارى بولغان شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىلگەنلەر: «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە يامانلىق كافىرلارغا بولىدۇ» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ھەقىقەتكە قارشى ھىيلە - مىكىر قىلغانلارنىڭ جازاسى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە مەھشەرگاھتا ئۇلارنىڭ بارلىق سىرلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ رەسۋا قىلىدۇ، ئۇلارنى سىلكىشلەش، تەنقىدلەش ۋە ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى يۈزىگە سېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا، «سىلەر ئىبادەتتە ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە يولىدا كۈرەش قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟ سىلەرنى يالغۇز قويۇپتۇغۇ! سىلەرگە مەدەت قىلىپ قۇتقۇزماپتۇغۇ!» دەيدۇ، ئۇلار جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇ ئەسنادا پەيغەمبەرلەر، مۇئمىنلار ۋە پەرىشتىلەر: «دۇنيادا كۇفرىلىق بىلەن ياشىغانلار بۈگۈن رەسۋاچىلىقتا قالىدۇ ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ تَتَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنْفُسِهِمْ ۖ فَأَلْقَوُا السَّلَمَ مَا كُنَّا نَعْمَلُ مِنْ سُوءٍ ۚ بَلَىٰ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلار (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ھالەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلار بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىدۇق» (دەيدۇ). ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغان شارائىتتا، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلار بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىدۇق» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ سىلەنىڭ قىلمىشىڭلارنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقاندا پەرىشتىلەر ۋاپات قىلدۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىز ھېچ يامانلىق قىلمىغان ئىدۇق» دەپ تەسلىم بولىدۇ. ئۇلارغا: «ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم
ئۇلار كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەۋاتقان چاغدا پەرىشتىلەر يۈزلىرىگە ۋە دۈمبىلىرىگە ئۇرۇپ جانلىرىنى ئالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار جان ئۈزۈۋېتىپ تەرسالىقنى تاشلايدۇ ۋە ھەقكە تەسلىم بولىدۇ، لېكىن بۇ تەسلىمنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمايدۇ. ئۇلار ئۇ ئەسنادا قاتتىق چۆچۈگەنلىكتىن ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بارلىق قىلمىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چېغىدىمۇ ۋە مەھشەرگاھتىمۇ تەكرالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَلَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
سىلەر (ئىچىدە) مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدىغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، چوڭچىلىق قىلىپ، -ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن- باش تارتقۇچىلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر» دېيىلىدۇ. مۇتەكەببىرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
ئاندىن پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن دوزاخنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىڭلار. مۇتەكەببىرلەرنىڭ مەڭگۈلۈڭ جايى دوزاخ نېمىدېگەن يامان!» دەيدۇ. ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدىغانلار كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىغا قارىتا تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ ۋە ھەر تۈرلۈك دوزىخي دوزاخنىڭ بىر ئىشىكىدىن كىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقِيلَ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا مَاذَا أَنْزَلَ رَبُّكُمْ ۚ قَالُوا خَيْرًا ۗ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۚ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ ۚ وَلَنِعْمَ دَارُ الْمُتَّقِينَ
تەقۋادارلارغا: «پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «ياخشى سۆزلەرنى نازىل قىلدى» دېيىشىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى (ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ) ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستتىنلا نېمىدېگەن گۈزەل! — مۇھەممەد سالىھ
تەقۋادارلارغا: «رەببىڭلار نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «ياخشى سۆزلەرنى نازىل قىلدى» دېيىشىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستتىنلا نېمىدېگەن گۈزەل! — تەرجىمە ھەيئىتى
تەقۋادارلارغا: «رەببىڭلار نازىل قىلغان نەرسە نېمە؟» دېيىلسە، ئۇلار: «خەيرلىك» دەيدۇ. ياخشى ئىش قىلغانلارغا بۇ دۇنيادا ياخشىلىق بار، ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى تېخىمۇ ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى نېمىدېگەن ياخشى! — ئەنەس ئالىم
تەقۋادارلارغا، «رەببىڭلار، ئەلچىسى مۇھەممەدكە نېمە نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئاننى نازىل قىلدى» دېدى. ئەنە شۇ ياخشىلار دۇنيادا ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاخىرەتتە تېخىمۇ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى نېمىدېگەن ياخشى جاي!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
جَنَّاتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ لَهُمْ فِيهَا مَا يَشَاءُونَ ۚ كَذَٰلِكَ يَجْزِي اللَّهُ الْمُتَّقِينَ
ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدنى جەننەتلىرىگە كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ يۇرت ئەدن جەننەتلىرىدۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرگە كىرىدۇ، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ جەننەتلەردە ئۇلارغا خالىغىنى بار. ئاللاھ تەقۋادارلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ يۇرت ئەدن جەننەتلىرى بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۇ جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە بارلىق ئارزۇلىرىغا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ تَتَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ طَيِّبِينَ ۙ يَقُولُونَ سَلَامٌ عَلَيْكُمُ ادْخُلُوا الْجَنَّةَ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلار (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان شارائىتتا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قەبزى روھ قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن جەننەتكە كىرىڭلار» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار پاك بولغان شارائىتتا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قەبزى روھ قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە بولسۇن! قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن جەننەتكە كىرىڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار پاك تۇرغان چاغدا پەرىشتىلەر جانلىرىنى ئالغان كىشىلەردۇر. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! جەننەتكە كىرىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەمەل قىلغان ئىدىڭلار!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ تەقۋادارلار شېرىكنىڭ ۋە گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن ئۆزلىرىنى پاك تۇتۇپ، توغرا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەۋاتقان چاغلىرىدا پەرىشتىلەر جانلىرىنى ئالغان كىشىلەردۇر. ئۇ ئەسنادا پەرىشتىلەر ئۇلارغا ئامان - ئېسەنلىك بارلىقىنى، شۇڭلاشقا قورقماسلىقىنى ۋە قايغۇرماسلىقىنى، ئەكسىچە جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن خۇرسەن بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. تەقۋادارلار - لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، بەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ئىبادەتلەرنى تەلەپكە لايىق شەكىلدە ئادا قىلغان، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزلىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن، شۇنداقلا مۇشۇ ھالىتى بىلەن ياشاپ جان ئۈزگەن كىشىلەردۇر. ئۇلار ئېرىشىدىغان ئارزۇلار بولسا، ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى قاتارلىق... ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمُ الْمَلَائِكَةُ أَوْ يَأْتِيَ أَمْرُ رَبِّكَ ۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ اللَّهُ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
كاپىرلار پەقەت (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن) پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنىڭ (يەنى ئازابىنىڭ) چۈشۈشىنىلا كۈتىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن (كاپىر) لارمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار پەقەت پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشىنى ياكى رەببىڭنىڭ ئەمرىنىڭ چۈشۈشىنىلا كۈتىدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار پەقەت ئۆزلىرىگە پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ياكى رەببىڭنىڭ ئەمرى كېلىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم
(33-34) ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئالدىنقى ئايەتكىچە تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ، شۇنچە دەلىللەردىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا ئىشەنمەي شېرىكتە ئەزۋەيلىگەنلەرنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ ھەقىقەتلەرگە ئىشەنگەنلەرنى تونۇتىدۇ، ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا، شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىگەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: شۇنچە دەلىللەر ئەسلىتىلسە پەرۋا قىلماي يەنىلا شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلەۋاتقان بۇ مۇشرىكلار كافىر پېتى ئۆلۈشنى ياكى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى تەرسا كافىرلارمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىپ، ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇققان ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ھەقىقەتنىڭ دەلىللىرىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا لايىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چەكتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب قورشىۋالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَصَابَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا عَمِلُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى، ئۇلارغا مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى (يەنى قاتتىق ئازابى) چۈشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى، ئۇلارغا مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى چۈشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىغا بالا بولدى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا عَبَدْنَا مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ نَحْنُ وَلَا آبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ دُونِهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ فَهَلْ عَلَى الرُّسُلِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇشرىكلار: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، (ئاللاھنىڭ ھۆكمىسىز) ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەت (ھىدايەت قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار: «مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئاللاھ نى قويۇپ ھىچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق، ئاللاھ ھارام قىلمىغان ھىچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ ئەنە شۇنداق قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق - بىزمۇ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ ئۇنداق قىلمىغان بولاتتۇق - ۋە ئاللاھ ھارام قىلمىغان ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دېدى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ شۇنداق قىلىشقان ئىدى. ئەلچىلەرنىڭ روشەن تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپىسى بارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشىگە ۋە بەزى نەرسىلەرنى ئۆزلىرى چاغلاپ «ھارام» دەپ ھۆكۈم قىلىشىغا ئۆزلىرىچە دەلىل كەلتۈرۈپ: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنمىغان بولاتتۇق، ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ چوقۇنمىغان بولاتتى. يەنە ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ئاللاھ ھارام قىلمىغان ھېچبىر نەرسىنى ئۆزىمىز چاغلاپ ھارام قىلمىغان بولاتتۇق (يەنى ئاللاھ خالىغانلىقى ئۈچۈن بىز ۋە ئاتا بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈردۇق، بەزى نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق؛ ئاللاھ خالىمىغان بولسا ئۇنداق قىلمايتتۇق)» دېدى. بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن كافىرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىغا ئەنە شۇنداق باھانە كۆرسەتكەن ئىدى. بىز ئۇلارغا ئەلچىلىرىمىزنى ئەۋەتكەن، ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ھالال - ھارام بەلگىلەشتىن توسقان، شۇنداقلا تەۋھىد ۋە ئىتائەتكە بۇيرۇغان ئىدى. ئەلچىلىرىمىزنىڭ پەقەت يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بار ئىدى، ئۇلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(16-سۈرە نەھىل، 36-ئايەت) تاغۇت يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئازغۇنلۇق ھالاك قىلىنغان قەۋملەر پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىوَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُمْ مَنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلنىڭلار» دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۆتمۈشتە ھەر ئۇممەتكە، «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلىنىڭلار» دېيىشى ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئۇممىتىگە ئۇ ھەقىقەتنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ھەقنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولدى. بەزىسى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقى ۋە ھەقتىن يۈز ئۆرۈشى بىلەن ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتى. ئى مۇشرىكلار! يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۇ ئىنكارچىلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى كۆزىتىڭلار. ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنىڭ ھەر ئۇممەتكە، جۈملىدىن سىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ شېرىكتىن ۋە نەپسى خاھىشىڭلار بىلەن ھالال - ھارام بەلگىلەشتىن توسۇشى ئىلگىرىكى مۇشرىكلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ تَحْرِصْ عَلَىٰ هُدَاهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ يُضِلُّ ۖ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق مەدەتكار يوق — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ، ئاللاھ ئۆزى گۇمراھ بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مەدەتكارى يوق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىس بولساڭ بىلگىنكى، ئاللاھ ئۆزى ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى بەك ئارزۇ قىلىپ، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋەتكۈدەك دەرىجىدە كۈچەپ كەتسەڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ئازغۇنلۇقنى تاللىغان، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا قويۇپ قويغان. ئاللاھ ئۆزى بېكىتكەن ۋە ئالدىنئالا بىلدۈرگەن قانۇنى بويىچە ئازدۇرۇۋاتقان ئۇ كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئازابىغا يولۇققان چاغلىرىدا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ لَا يَبْعَثُ اللَّهُ مَنْ يَمُوتُ ۚ بَلَىٰ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار: «ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەيدۇ » دەپ قاتتىق قەسەم ئىچىشتى، ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ)، ئاللاھ ۋەدىسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەيدۇ (شۇڭلاشقا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرمەيدۇ» دەپ قاتتىق قەسەم ئىچىشتى، ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ۋەدىسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھ بىلەن ئەڭ كۈچلۈك قەسىمىنى قىلىپ تۇرۇپ: «ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ھەرگىزمۇ قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، چوقۇم تىرىلدۈرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بولۇپ، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلارنىڭ يەنە بىر يامانلىقى قىيامەتنى ئىنكار قىلىشى بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى كۈچلۈك قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: «ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ھەرگىزمۇ قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ » دېدى. ئى مۇشرىكلار! ئەمەلىيەت سىلەر ئېيتقاندەك ئەمەس، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەسلا خىلاپلىق قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى كائىناتنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىش ھېكمىتىنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىكار يارىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِيُبَيِّنَ لَهُمُ الَّذِي يَخْتَلِفُونَ فِيهِ وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّهُمْ كَانُوا كَاذِبِينَ
ئاللاھ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇلارغا ئايرىپ بېرىش ۋە كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن (ئۇلارنى قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇلارغا ئايرىپ بېرىش ۋە كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارنى قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشى ئۆزىنىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشى ۋە كافىرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان ئەجىلى بەلگىلەنگەن ھالدا كېلىدۇ، ئەجىلى توشقاندا ئۆلىدۇ. بۇ ئەھۋال تاكى قىيامەت قايىم بولغۇچە مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ، قىيامەت قايىم بولغاندا ياشاۋاتقان ئىنسانلار بىراقلا ئۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىنسانلار ئۆلگەن بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان مۇددەتتىن كېيىن ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ ۋە ھەر ئىنساندىن ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە لايىق بولغان جايغا (جەننەتكە ياكى دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ، كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا قَوْلُنَا لِشَيْءٍ إِذَا أَرَدْنَاهُ أَنْ نَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
بىز بىرەر شەيئىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دەيمىز ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز بىرەر شەيئىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكچى بولساق، ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دەيمىز ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز بىر نەرسىنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا دەيدىغان سۆزىمىز «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «قىيامەتنى قايىم قىلىش ۋە ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈش بىز ئۈچۈن تەس ئىش ئەمەس، چۈنكى بىز بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلغان چېغىمىزدا قىلىدىغان ئىشىمىز پەقەت ‹بول› دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر، بىز ‹بول› دېگەندە ئۇ نەرسە بولىدۇ، جۈملىدىن بىز قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى ئۈچۈنمۇ ۋاقتى كەلگەندە پەقەت ‹بول› دەيمىز - دە، قىيامەت قايىم بولىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ هَاجَرُوا فِي اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا لَنُبَوِّئَنَّهُمْ فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً ۖ وَلَأَجْرُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار بىلىدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر — مۇھەممەد سالىھ
زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇلار بىلىدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
زۇلۇم قىلىنغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا گۈزەل يۇرتلارغا يەرلەشتۈرىمىز. ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە ئالىدىغان مۇكاپاتى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ! — ئەنەس ئالىم
(41-42) ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (38 - ئايەتتە) مۇشرىكلارنىڭ قەسەم قىلىپ تۇرۇپ قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ زۇلۇم قىلىشى سەۋەبلىك ھىجرەت قىلغان مۇئمىنلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ قىيامەتنى ئېغىزلىرىدا ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، ئەكسىچە ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ بۇ ئىنكارىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدىمۇ كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: مۇشرىكلارنىڭ زۇلۇم ۋە جاپاسىغا يولۇققاندىن كېيىن بىزنىڭ رازىلىقىمىزنى كۆزلەپ ھىجرەت قىلغان مۇئمىنلارغا بىز دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ھاياتى ئاتا قىلىمىز. ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزدا كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىپ ئۆز ئىمانىنى ساقلىغان ۋە بىزنىڭ ھىمايىمىزگە تولۇق ئىشىنىپ بىزگىلا تايىنىشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
ئۇلار (ئېغىرچىلىقلارغا) سەۋر قىلدى، ئۇلار (ھەممە ئىشتا) پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلدى، ئۇلار ھەممە ئىشتا رەببىغا تەۋەككۈل قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سەۋر قىلغان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ ۚ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھىي نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر) دىن سوراڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى -تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر- دىن سوراڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق. ئى ئىنكارچىلار! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراپ بېقىڭلار[3]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار سېنىڭ ئىنسان بولۇشىڭنى باھانە قىلىپ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشەنمەيۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھىي نازىل قىلاتتۇق. ئى مۇشرىكلار! بۇنى بىلمىسەڭلار ئىلاھىي كىتاب (تەۋرات ۋە ئىنجىل) ئەھلىدىن سوراڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدىن، تارىخ بويىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنسانلاردىن تاللانغان ئەرلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر (مۇھەممەد)نىڭمۇ ئىنسانلاردىن تاللىنىدىغان بىر ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ ۗ وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
(پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) تەپەككۇر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى ئۇلارنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن ئەۋەتتۇق، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار بۇ قۇرئاننى پىكىر قىلىپ ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇ ئەلچىلەرنى روشەن دەلىللەر ۋە ئىلاھىي سەھىپىلەر بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنى، ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەر بىلەن ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان كىتابلار بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. سېنى بولسا، ھەم مۆجىزە ھەم توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ئالاھىدىلىكتىكى بۇ «زىكىر - قۇرئان» بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئى مۇھەممەد! قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلىشىمىز، سېنىڭ ئۇنىڭدىكى ھەقىقەتلەرنى ئىنسانلارغا بايان قىلىشىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنى تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىشى ئۈچۈندۇر. دېمەك، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى ئىككى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ۋە ئەلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارغا قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈشى، چۈشەندۈرۈشى، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈم - ھېكمەتلەرنى ئۆگىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان بىلەن ھۆكۈم قىلىشى ... قاتارلىقلاردۇر. 2) ئىنسانلارنىڭ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۆجىزىلىكىنى چۈشىنىشى، ئۇنىڭدىكى ئىلىملەرنى ئۆگىنىشى، نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ۋە قىسسەلەردىن ئىبرەت ئېلىشى ... قاتارلىقلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَأَمِنَ الَّذِينَ مَكَرُوا السَّيِّئَاتِ أَنْ يَخْسِفَ اللَّهُ بِهِمُ الْأَرْضَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋىېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
يامان ئىشلارنى پىلانلىغانلار تۆۋەندىكىلەردىن ئەمىن بولدىمۇ: ئاللاھنىڭ يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشتىن — ئەنەس ئالىم
(45-47) يامان ئىشلارنى مەخپىي ھالدا قىلىۋاتقان، خۇسۇسەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەخپىي زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان بۇ مۇشرىكلار، ئاللاھنىڭ، ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى تۇيۇقسىز ئازاب ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋېتىشىدىن ياكى سەپەر ئەسناسىدا بالاغا يولۇقتۇرۇشىدىن ياكى جان ۋە ماللىرىنى ئاز - ئازدىن كېمەيتىپ قەدەممۇقەدەم ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرۇپ ئاخىرى تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلمىدىمۇ؟ چۈنكى بىز ئىلگىرىكى گەدەنكەش قەۋملەرنى ئەنە شۇنداق تۈرلۈك ئازابلار بىلەن ھالاك قىلغان ئىدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىنى بۇ قۇرئاندا بايان قىلدۇق. ئەسلىدە بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۇ قىسسەلەرنى ئاڭلاپ ئىبرەت ئېلىشى، قىلمىشلرىدىن چۆچۈشى ۋە ئۆزلىرىنى تۈزىتىشى لازىم ئىدى. لېكىن ئۇلار تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن فىترىتىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇش ۋە قايغۇرۇشنىڭ ئورنىغا خاتىرجەم، خۇشال - خۇرام ۋە ھەممىدىن بىخۇد ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى: ئۇلارنىڭ بۇ خاتىرجەملىكى ۋە خۇشاللىقى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوْ يَأْخُذَهُمْ فِي تَقَلُّبِهِمْ فَمَا هُمْ بِمُعْجِزِينَ
ياكى ئۆزلىرىنى سەپەر ئۇستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا يولۇقتۇرۇشىدىن قورقمامدۇ؟ (بۇ چاغدا) ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ياكى ئۆزلىرىنى سەپەر ئۇستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا يۇلۇقتۇرۇشىدىن قورقمامدۇ؟ بۇ چاغدا ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى سەپەردىكى چاغلىرىدا ئازابقا يولۇقۇشتىن - ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ - — ئەنەس ئالىم
-
أَوْ يَأْخُذَهُمْ عَلَىٰ تَخَوُّفٍ فَإِنَّ رَبَّكُمْ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
ياكى (ئاللاھنىڭ) ئۆزلىرىنى قەدەممۇقەدەم جازالىشىدىن قورقمامدۇ؟ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە مەرھەمەتلىكتۇر، مېھرىباندۇر (شۇڭا سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىدى) — مۇھەممەد سالىھ
ياكى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى قەدەممۇقەدەم جازالىشىدىن قورقمامدۇ؟ سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەلۋەتتە مەرھەمەتلىكتۇر، مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئاز - ئازدىن كېمەيتىپ ئاخىرى يىلتىزىنى قۇرۇتۇش جازاسى بېرىشىدىن. لېكىن رەببىڭلار شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَىٰ مَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ يَتَفَيَّأُ ظِلَالُهُ عَنِ الْيَمِينِ وَالشَّمَائِلِ سُجَّدًا لِلَّهِ وَهُمْ دَاخِرُونَ
ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرى بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرىنىڭ بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە قارىمىدىمۇ؟ ئۇ نەرسىلەرنىڭ سايىلىرى ئوڭ تەرەپكە ۋە سول تەرەپلەرگە يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ شەكىلدە ئاللاھقا بويۇن ئېگىپ سەجدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ۋە ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇۋاتقان شۇ ھەيۋەتلىك نەرسىلەرنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارغا قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تونۇپ يەتمىدىمۇ؟ ئۇ نەرسىلەرنىڭ سايىلىرى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا سەجدە قىلىپ (بويسۇنۇپ) ئوڭ - سولغا يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ سايىلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇشرىكلار ھەر دائىم كۆز ئالدىدا سادىر بولۇۋاتقان بۇ ھادىسىگە ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ دَابَّةٍ وَالْمَلَائِكَةُ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق جانلىقلار ۋە پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(49-50) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل جانلىقلار ۋە پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ. ئۇلار چوڭچىلىق قىلمايدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ھەرقانچە يۇقىرى مەرتىۋىلەردە بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى ياراتقان، مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان زات ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايدۇ. «ئاللاھقا سەجدە قىلىش»نىڭ لۇغەت مەنىسى ئاللاھقا بويسۇنماق، باش ئەگمەك ۋە ئىتائەت قىلماق دېگەن بولىدۇ. ئىستىلاھىي (ئاتالغۇ) مەنىسى بولسا، ئىككى پۇتنىڭ ئۇچلىرى، ئىككى تىز، ئىككى قول ۋە پېشانىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئېھتىرام قىلماق دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرىشتىلەرنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ سەجدىسى كەلىمىنىڭ ئىستىلاھىي مەنىسىدىكى سەجدىنى، باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ سەجدىسى لۇغەت مەنىسىدىكى سەجدىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا 48 ~ 50 - ئايەتلەردە كائىناتتىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ ئۆز قۇدرىتىگە بويسۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 51 - ئايەتتىن باشلاپ 55 - ئايەتكىچە ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ قۇدرىتىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ، بويسۇنمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَخَافُونَ رَبَّهُمْ مِنْ فَوْقِهِمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ ۩
ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى رەببىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى رەببىدىن قورقىدۇ ۋە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالَ اللَّهُ لَا تَتَّخِذُوا إِلَٰهَيْنِ اثْنَيْنِ ۖ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ
ئاللاھ: «ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ: «ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئىلاھقا چوقۇنماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئىلاھ يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنداقتا پەقەت مەندىنلا قورقۇڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئى بەندىلىرىم! ئىككى مەبۇدقا چوقۇنماڭلار، چۈنكى بىرلا مەبۇد بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مەندۇرمەن، ئۇنداقتا مەندىنلا قورقۇڭلار». ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزىدىن باشقا ئىلاھقا چوقۇنۇشتىن توسىدۇ، چوقۇنۇلۇشقا ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنى ئۆزىدىنلا قورقۇشقا بۇيرۇيدۇ. شېرىك ئاز دېگەندە ئىككى مەبۇدقا چوقۇنۇش بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ ئىككى مەبۇدنىڭ بىرى چوقۇم ئاللاھ بولىدۇ، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن بىرى بولىدۇ. ھەر قانداق مۇشرىك ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار باشتا زىكىر قىلىنغاندەك ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى بولغان دۇئانى ئاللاھقىمۇ قىلىدۇ، ئاللاھتىن غەيرىيگىمۇ قىلىدۇ، ئاللاھتىن قورققاندەك ئاللاھتىن غەيرىيدىنمۇ قورقىدۇ، ئاللاھقا ئۈمىد باغلىغاندەك ئاللاھتىن غەيرىيگىمۇ ئۈمىد باغلايدۇ... بۇ ئىشلار ھەم ئاللاھقا، ھەم ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلغانلىق، شۇنداقلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىككى ئىلاھقا چوقۇنۇشتىن، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئاللاھقا بىرەر ئىلاھنى شېرىك كەلتۈرۈشتىن توسىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَهُ الدِّينُ وَاصِبًا ۚ أَفَغَيْرَ اللَّهِ تَتَّقُونَ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا بىرىدىن قورقامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ غەيرىيدىن قورقامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. دىنمۇ ھەر دائىم ئۇنىڭدۇر[4]. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى، جۈملىدىن سىلەرنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممىڭلارنى ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ ۋە ھەممىڭلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئاللاھ قامداۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا چوقۇنۇش ۋە شەرتسىز ئىتائەت ھەر دائىم ئاللاھقىلا قىلىنىشى لازىم. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھنى قويۇپ باشقىلاردىن قورقساڭلار بولامدۇ؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا بِكُمْ مِنْ نِعْمَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ۖ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فَإِلَيْهِ تَجْأَرُونَ
سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىندۇر، ئاندىن سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىكى ھەر نېمەت ئاللاھتىندۇر. يەنە تېخى قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭلار ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئېرىشكەن ھەر نېمەت ئاللاھتىن كەلمەكتىدۇر. يەنە كېلىپ بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققان چېغىڭلاردا باشقا مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ ئاللاھقىلا يالۋۇرۇپ نىدا قىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ إِذَا كَشَفَ الضُّرَّ عَنْكُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِنْكُمْ بِرَبِّهِمْ يُشْرِكُونَ
ئاللاھ سىلەردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە ، ئاراڭلاردىن بىر بۆلۈك ئادەم دەرھال ئۆز پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاراڭلاردىن بىر بۆلۈك ئادەم دەرھال ئۆزلىرىنىڭ رەببىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن ئاللاھ سىلەرنى ئۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويسا، سىلەردىن بىر بۆلۈك كىشى دەرھال رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ قىيىنچىلىقىڭلارنى كۆتۈرۈۋەتسە، بىر پىرقەڭلار تەۋھىد ئۈستىدە قالسىمۇ يەنە بىر پىرقەڭلار دەرھال شېرىك كەلتۈرۈپ، ئاللاھقىلا قىلىشى كېرەك بولغان ئېھتىرام، ئىتائەت ۋە ئىبادەتنى باشقىلارغا قىلىشقا باشلايدۇ، نەتىجىدە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىدۇ. ئى مۇشرىكلار! قىيىنچىلىقتا ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ياردەم قىلالمايدىغانلىقى ئېسىڭلارغا كېلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەرنى شۇنچە نېمەتلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان قۇدرەتلىك ئاللاھقا ئازادىچىلىكتىمۇ قىيىنچىلىقتىمۇ نېمىشقا ئوخشاشلا تېۋىنمايسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ ۚ فَتَمَتَّعُوا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن (بېشىدىكى ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت) نېمىتىمىزگە ناشۈكۈرلۈك قىلىدۇ، (سىلەر ئەجىلىڭلار يەتكۈچە دۇنيادىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن نېمىتىمىزگە ناشۈكۈرلۈك قىلىدۇ، سىلەر ئەجىلىڭلار يەتكۈچە دۇنيادىن بەھرىمەن بولۇڭلار، ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە قارشى تۇزكورلۇق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھازىرچە بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئۇلار شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە تۇزكولۇق قىلىۋاتىدۇ. ئى مۇشرىكلار! دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن ۋاقتىنچە بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار! تۇزكورلۇقىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر، چۈنكى سىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك يۇرتۇڭلار دوزاخ بولىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن ۋاقتىنچە بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار!» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە مۇشرىكلارغا ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بىرقانچە مۇشرىكلارنى بۇ خىل ئىپادە بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنى دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە بېرىلىش ۋە تۇزكورلۇك قىلىشقا بۇيرۇغانلىق ئەمەس. ئاللاھ تائالا 54 - ۋە 55 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. 56 ~ 64 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشىنىڭ شەكىللىرىنى بايان قىلىدۇ، ئۇلارنى شۇنچە يامان ئىش قىلىپ تۇرسىمۇ دەرھال جازالىماسلىقىنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئالدىدا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بولسىمۇ تەۋبە قىلمىسا يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، ئۇلارغا قىيامەت كۈنى «ھەقنى بىلمىگەن ئىدۇق، توغرا يولنى تونۇمىغان ئىدۇق، بىزگە ياخشى - يامان ئېنىق بىلدۈرۈلمىگەن ئىدى، شۇڭا ئازدۇق» دەپ ئۆزرە ئېيتالمايدىغانلىقىنى ۋە باھانە كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَجْعَلُونَ لِمَا لَا يَعْلَمُونَ نَصِيبًا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ ۗ تَاللَّهِ لَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنْتُمْ تَفْتَرُونَ
ئۇلار بىز ئۆزلىرىگە بەرگەن رىزىقتىن ھېچنەرسىدىن خەۋەرسىز (بۇتلىرىغا) نېسىۋە قالدۇرىدۇ. (ئى مۇشرىكلار!) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆزۈڭلار ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسەڭلار ئۈچۈن چوقۇم سوراققا تارتىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار بىز ئۆزلىرىگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە نېسىۋە قالدۇرىدۇ، -ئى مۇشرىكلار!- ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆزۈڭلار ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسەڭلار ئۈچۈن چوقۇم سوراققا تارتىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە بىز بەرگەن رىزىقتىن ئۆزلىرى بىلمەيدىغان ئويدۇرما ئىلاھلارغا نېسىۋە ئايرىيدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بۇ بوھتانلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىغا بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن نېسىۋە ئايرىۋاتىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئۇلۇغلۇقىم بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن بۇ يالغان ۋە بوھتانلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى سورايمەن ۋە سىلەرگە تېگىشلىك جازانى بېرىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَجْعَلُونَ لِلَّهِ الْبَنَاتِ سُبْحَانَهُ ۙ وَلَهُمْ مَا يَشْتَهُونَ
ئۇلار ئاللاھقا قىزلارنى نىسبەت بېرىدۇ (ئاللاھنىڭ قىزى بار دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ)، ئاللاھ (بۇنداق بوھتاندىن) پاكتۇر، ئۇلار ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغانلىرىنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھقا قىزلارنى نىسبەت بېرىدۇ، ئاللاھ بۇنداق بوھتاندىن پاكتۇر، ئۇلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغانلىرىنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە قىزلارنى ئاللاھقا ئايرىيدۇ - ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر -، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە ئايرىيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(57-59) ئۇ مۇشرىكلارنىڭ قەبىھلىكىلىرىدىن يەنە بىرى شۇكى: ئاللاھ ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلغان قىز - ئوغۇل پەرزەنتلەرنى ئوخشاش كۆرمەيدۇ: قىزلارنى ياقتۇرمايدۇ، پەقەت ئوغۇللارنىلا ياقتۇرىدۇ، ئەمما پەرىشتىلەرنى «قىزلار» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ دەۋا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ بوھتانىغا قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ، جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىپ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەيدۇ - ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ بوھتانىدىن پاكتۇر - ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ قىلىدۇ. ئۇلار قىز بالىدىن شۇ قەدەر نەپرەت قىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ بىرىگە بالىسىنىڭ قىز تۇغۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنسا، ئىچ پۇشۇقىدىن يۈزى قارىداپ كېتىدۇ، كۈن بويى خاپا چىراي ۋە غەمكىن بولۇپ يۈرۈيدۇ. ئۇ، ئەسلىدە سۆيۈنۈشى كېرەك بولغان بۇ خۇش خەۋەرنى شۇم خەۋەر دەپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئىزا تارتىپ ئىنسانلاردىن يوشۇرۇنۇشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇ قىزىنى «نومۇسقا چىداپ باقايمۇ» ياكى «تىرىك كۆمۈۋېتەيمۇ» دەپ ئويلايدۇ. ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ قىزلاردىن نەپرەت قىلىشى، ئۆز جىگەر پارىسىنى بېقىپ چوڭ قىلىشتىن خارلىق ھېس قىلىشى، تىرىك كۆمۈۋېتىشى قاتارلىق ئىشلار نېمىدېگەن خاتا ھۆكۈم، نېمىدېگەن قەبىھ ئادەت، نېمىدېگەن يىرگىنچلىك ئىش! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُمْ بِالْأُنْثَىٰ ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ
ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوشخەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ بىرىگە قىز بالا بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلسە[5]، ئاچچىقىدىن يۈزى قاپقارا بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
يَتَوَارَىٰ مِنَ الْقَوْمِ مِنْ سُوءِ مَا بُشِّرَ بِهِ ۚ أَيُمْسِكُهُ عَلَىٰ هُونٍ أَمْ يَدُسُّهُ فِي التُّرَابِ ۗ أَلَا سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ! — مۇھەممەد سالىھ
يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا تىرىك كۆمەمدۇ؟ شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كەلگەن بۇ يامان خەۋەر تۈپەيلى قەۋمىگە كۆرۈنمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئۇنى نومۇسقا چىداپ باقايمۇ ياكى تۇپىغا كۆمىۋىتەيمۇ دەپ ئويلايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
-
لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ مَثَلُ السَّوْءِ ۖ وَلِلَّهِ الْمَثَلُ الْأَعْلَىٰ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار (ئوغۇلنى ياخشى كۆرۈپ، قىزنى يامان كۆرۈش، خوتۇنى ئوغۇل تۇغسا خۇشال بولۇپ، قىز تۇغسا ئاچچىقى كېلىش، ئار ـ نومۇستىن ۋە كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ، قىزلارنى تىرىك كۆمۈشكە ئوخشاش) يامان سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار يامان سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئەنە شۇنداق يامان سۈپەتلىرى بار. ئەڭ ئۇلۇغ سۈپەت ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ئۇ كىشىلەرنىڭ نۇقسانلىقى بار: ئۇلار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بالىغا موھتاج بولىدۇ، ئوغۇل بالىنى «ياردەمچى بولىدۇ» دەپ ياخشى كۆرىدۇ، قىز بالىنى «تەييارنى يەيدۇ، يۈك بولىدۇ» دەپ يامان كۆرىدۇ. ئەمما ئاللاھ ھېچكىمگە ۋە ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان، كەمچىلىكتىن پاك، ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل ۋە ئۇلۇغ زاتتۇر. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەتكە ۋە خاتالاشمايدىغان ھېكمەتكە ئىگىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ يُؤَاخِذُ اللَّهُ النَّاسَ بِظُلْمِهِمْ مَا تَرَكَ عَلَيْهَا مِنْ دَابَّةٍ وَلَٰكِنْ يُؤَخِّرُهُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن (چاپسان) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى (جازالاشنى) مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش) ۋاقتى كەلگەندە قىلچىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، قىلچىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن چاپسان جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلگەندە قىلچە ۋاقىتمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ۋاقتى كەلمىسە قىلچە ۋاقىتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن جازالاندۇرىدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجىلى كەلگەندە، ئۇلار ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن جازالىسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى ئۆزى بەلگىلىگەن ئەجەل توشقۇچە كېچىكتۈرىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەجىلى توشقاندا قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولماي جازالىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَجْعَلُونَ لِلَّهِ مَا يَكْرَهُونَ وَتَصِفُ أَلْسِنَتُهُمُ الْكَذِبَ أَنَّ لَهُمُ الْحُسْنَىٰ ۖ لَا جَرَمَ أَنَّ لَهُمُ النَّارَ وَأَنَّهُمْ مُفْرَطُونَ
ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرۈدىغاننى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن جۆيلۈيدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (دوزاختا) تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرۈدىغاننى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاقىۋەتلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن جۆيلۈيدۇ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار دوزاختا تاشلىنىپ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرى يامان كۆرىدىغان نەرسىنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىدۇ[6]. بۇنىڭغا قارىماي تېخى «ئەڭ ياخشى ئاقىۋەت بىزنىڭ بولىدۇ» دەپ بىلجىرلايدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئوتى ئۇلارنىڭ بولىدۇ، ئۇلار ئۇ ئوتقا تۇنجى قېتىم تاشلىنىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
پەرىشتىلەرنى قىز دەپ قارىغان ۋە ئۇلارنى «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ دەۋا قىلغان بۇ ئىنكارچىلارنىڭ دەرھال جازالانماسلىقىنىڭ ھېكمىتى ئەنە شۇدۇر. ئۇ مۇشرىكلار بىر تەرەپتىن ئەنە شۇنداق ناشايان سۆز ۋە قەبىھ ئىشلارنى قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن (قىيامەت بولغان تەقدىردە) جەننەت بىزنىڭ بولىدۇ دەپ يالغان گەپ قىلىدۇ. شەك - شۈبھىسىزكى، جەننەت ئەمەس، ئەكسىچە دوزاخ ئۇلارنىڭ بولىدۇ، ئۇلار دوزاخقا ئەڭ باشتا تاشلىنىدۇ ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. قىيامەت ئىنكارچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇلارغا ئوخشاش ئويلاپ ئاغزىنى تاتلىق قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تَاللَّهِ لَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ الْيَوْمَ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈممەتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى. شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ دوستىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى، شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. شەيتان ئۇ ئۇممەتلەرگە ئۆز ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتكەن. بۈگۈن ئۇ شەيتان مانا بۇلارنىڭ[7] ۋەلىيىسىىدۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنگىنكى: بىز سېنى قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇنلىغان ئەلچىلەرنى ئۆز قەۋملىرىگە ئەۋەتكەن ئىدۇق. شەيتان ئۇ قەۋملەرگە كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقنى چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى، ئۇلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى. شەيتان بۇ دۇنيادا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دوستى، يېقىنى ۋە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىدۇر. ئۇلار شەيتاننى دوست بىلىپ بۇ دۇنيادا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولغاندا شەيتان ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ھەتتا دوزاختا ئۇلار بىلەن بىللە ئازاب چېكىدۇ ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەپ دەردىنى ئارتتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ إِلَّا لِتُبَيِّنَ لَهُمُ الَّذِي اخْتَلَفُوا فِيهِ ۙ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
(ئى مۇھەممەد!) بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار (دىنىدىكى) دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- بىز كىتاب- قۇرئان-نى پەقەت سېنىڭ كىشىلەرگە ئۇلار دەتالاش قىلىشقان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولسۇن ئۈچۈنلا نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنىڭ ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلىشىمىز، ئۇلارغا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈندۇر ھەمدە بۇ كىتابنىڭ ئىمان ئېيتىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولۇشى ئۈچۈندۇر، خالاس. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا ھەقنى بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن، قۇرئاننىڭ مۇئمىنلارغا ھىدايەت رەھبىرى ۋە رەھمەت مەنبەسى بولۇشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. ئەمدى بۇلار قىيامەت كۈنى ھېچقانداق باھانە كۆرسىتەلمەيدىغان بولدى. ئەسكەرتىش: قۇرئان، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئىجرا قىلغانلارنى توغرا يولغا ۋە رەھمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، ئىنكار قىلغانلارنىڭ زىيىنىنى ئارتتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا (تۈرلۈك زىرائەتلەرنى) ئۈندۈردى، بۇنىڭدا (ۋەز ـ نەسىھەت) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ئۈندۈردى، بۇنىڭدا ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك تۇپراققا ھايات بەرمەكتىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئاسماندىن (ئۈستۈن تەرىپىڭلاردىن) يامغۇر، قار، مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۇلىرى بىلەن، ئۆلۈك ھالەتتىكى قاغجىراق يەردىن ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ، ئۇ يەرنى ياپيېشىل ھالەتكە كەلتۈرۈپ جانلاندۇردى. ئاللاھنىڭ كالامىغا لايىق رەۋىشتە قۇلاق سالىدىغان كىشىلەر ئەنە شۇ جەرياندىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، ھېكمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىنى چۈشىنىۋالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً ۖ نُسْقِيكُمْ مِمَّا فِي بُطُونِهِ مِنْ بَيْنِ فَرْثٍ وَدَمٍ لَبَنًا خَالِصًا سَائِغًا لِلشَّارِبِينَ
چاھارپايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى چاھارپايلارنىڭ قارنىدىكى ماياق ـ تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
چاھارپايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى چاھارپايلارنىڭ قارنىدىكى ماياق ـ تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار: سىلەرنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان، ئىچكەنلەرنىڭ گاللىرىدىن سىلىق ئۆتۈپ كېتىدىغان ساپ سۈتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە ئاللاھنىڭ قۇدرەت، ھېكمەت ۋە رەھمىتىنى سىلەرگە ئەسلىتىدىغان، شۇنداقلا ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشىڭلارنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىدىغان جانلىق نەسىھەت، تەسىرلىك ئۈگۈت ۋە پايدىلىق ئىلىم بار: بىز سىلەرنى، ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بەزىسىدىن ھاسىل بولىدىغان، ئۇلار يەپ تېخى ئاشقازانلىرىدا تولۇق ھەزىم بولمىغان يەم - خەشەكلەر بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان ساپ سۈت بىلەن تەمىنلەيمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْ ثَمَرَاتِ النَّخِيلِ وَالْأَعْنَابِ تَتَّخِذُونَ مِنْهُ سَكَرًا وَرِزْقًا حَسَنًا ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
(سىلەر ئۈچۈن يەنە بۇنداق ئىبرەتمۇ باركى) خورمىدىن، ئۈزۈمدىن شارابلار ۋە پاكىز يېمەكلىكلەر ياسايسىلەر، ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار — مۇھەممەد سالىھ
#نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر خورمىلاردىن ۋە ئۈزۈملەردىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ۋە ياخشى رىزىق ياسايسىلەر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! سىلەر بىز ئاتا قىلغان خورما ۋە ئۈزۈملەردىن ھەم مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەر ئىشلەپچىقىرىسىلەر، ھەمدە ياخشى تاماقلار ئېتىسىلەر. ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ خورما ۋە ئۈزۈملەرنى يارىتىپ سىلەرگە سۇنۇشىدىن ۋە سىلەرگە ئۇلاردىن خالىغىنىڭلارچە پايدىلىنىش ئەركىنلىكى بېرىشىدىن، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، رەھمىتى چەكسىز ۋە نېمىتى ھېسابسىز، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇۋالىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ «مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەر ئىشلەپچىقىرىسىلەر» دېگەن مەنىدىكى جۈملىسى مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ رۇخسەتلىكىگە دالالەت قىلمايدۇ، چۈنكى مەست قىلغۇچى نەرسىلەر بۇ ئايەتتىن كېيىن يەنە ئۈچ قېتىم ئايەت نازىل قىلىنىش بىلەن قەتئىي ھارام قىلىنغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: بۇ ھەقتە دەسلەپتە بۇ ئايەت نازىل قىلىنىپ، «مەست قىلغۇچى نەرسىلەر»نىڭ «ياخشى» نەرسە ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن . ئىككىنچى قېتىمدا 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 219 - ئايىتى نازىل قىلىنىپ، «مەست قىلغۇچى نەرسىلەر»نىڭ «پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئۈچىنچى قېتىمدا 4 - سۈرە (نىسا)نىڭ 43 - ئايىتى نازىل قىلىنىپ، «مەست قىلغۇچى نەرسىلەر»نىڭ نامازغا توسالغۇ بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تۆتىنچى قېتىمدا 5 - سۈرە (مائىدە)نىڭ 90 - ۋە 91 - ئايەتلىرى نازىل قىلىنىپ، «مەست قىلغۇچى نەرسىلەر»دىن ساقلىنىش لازىملىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى بىلدۈرۈلگەن. تۆت قېتىمدا نازىل بولغان بۇ ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىلەرنىڭ نازىل بولۇش تەرتىبى ۋە ئايەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلىرى ئەنە شۇ جەريانغا دالالەت قىلىدۇ: دەسلەپتە نازىل بولغان بۇ (67 -) ئايەتتە مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ «ياخشى» ئەمەسلىكى، ئاخىرىدا نازىل بولغان (5 - سۈرە مائىدە، 90 -) ئايەتتە «نىجاسەت» ئىكەنلىكى ۋە «ساقلىنىڭلار» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَوْحَىٰ رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ
پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆيلەر ياسىغىن. — ئەنەس ئالىم
(68-69) ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ئاللاھ ھەسەل ھەرىلىرىگە، «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە ئىنسانلار ياسىغان ساندۇقلارغا كۆنەكلەر ياساڭلار، ئاندىن بارلىق ئۈسۈملۈك ۋە دەرەخلەرنىڭ گۈل - چېچەكلىرىدىن يەڭلار ۋە رەببىڭلار سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا مېڭىڭلار» دەپ ئىلھام قىلدى. ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان تۈرلۈك رەڭدە ئىچىملىك (ھەسەل) چىقىدۇ. تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر ھەسەل ھەرىسىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، رەھمىتى چەكسىز ۋە نېمىتى ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە (69 - ئايەتتە) ھەسەلدە شىپالىق بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېسەل بولسام ئاللاھ ماڭا شىپالىق بېرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، شىپالىق ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە، لېكىن ئۇ لازىملىق سەۋەبنى قىلغاندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ. ئۇ سەۋەب، ھەسەلگە ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلاتنى (دورىنى) ئىستېمال قىلىشتۇر. ئۇ مەھسۇلات مۇتەخەسسىس كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەمەلىي تەجرىبلىرى نەتىجىسىدە تەييارلانغان بولۇشى لازىم. چۈنكى ھەسەلنى ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىلھام بېغىشلايدىغان ئەھۋالدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(16-سۈرە نەھىل، 69-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر قۇرئان ئارقىلىق شىپا تېپىشثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا ۚ يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر (يەنى گۈل ـ چېچەكلەر) دىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن». ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر -گۈل ـ چېچەكلەر- دىن يېگىن، رەببىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن»، ھەسەل ھەرىسىنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك -ھەسەل- چىقىدۇ. بۇنىڭدا پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، ئاندىن رەببىڭ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا ماڭغىن». ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىكتە ئىنسانلار ئۈچۈن شىپا بار. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار. — ئەنەس ئالىم
-
وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ ثُمَّ يَتَوَفَّاكُمْ ۚ وَمِنْكُمْ مَنْ يُرَدُّ إِلَىٰ أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْ لَا يَعْلَمَ بَعْدَ عِلْمٍ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ قَدِيرٌ
ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاراڭلاردا ئۆمۈرنىڭ يامان (يەنى ئەڭ قېرىلىق) باسقۇچىغا ئۇلىشىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ھەتتا (بىر نەرسىلەرنى) بىلگەندىن كېيىن، ھېچ نەرسىنى بىلمەس بولۇپ قالىدۇ (يەنى ئىلگىرى بىلىدىغانلىرىنى ئۇنتۇپ، كۈچ ـ قۇۋۋىتى تۈگەپ، ئەقلى كېمىيىپ كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقاتنى باشقۇرۇشنى) بىلگۈچىدۇر، (ئۆزى ئىرادە قىلغان نەرسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا) قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاراڭلاردا ئۆمۈرنىڭ يامان باسقۇچىغا ئۇلىشىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ھەتتا بىر نەرسىلەرنى بىلگەندىن كېيىن، ھېچ نەرسىنى بىلمەس بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلگۈچىدۇر، ئۆزى ئىرادە قىلغان نەرسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنى ئاللاھ ياراتتى. ئاندىن كېيىن سىلەرنى يەنە ئاللاھ ۋاپات قىلدۇرىدۇ. سىلەردىن بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ئەڭ ناچار ھالىتىگە قايتۇرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلگەنلىرىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ئاللاھ ياراتتى ۋە ھەر بىرىڭلارغا پەرقلىق ئەجەل بەلگىلىدى. شۇڭلاشقا سىلەردىن بەزىلەر بالدۇر ئۆلىدۇ، بەزىلەر قېرىپ تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ ۋە ئاخىرىدا كىچىك چېغىدىكى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالىتىگە قايتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەخلۇقاتىنىڭ ھەر ئەھۋالىنى بىلىدىغان ۋە ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قۇدرىتى يېتىدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ فَضَّلَ بَعْضَكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ فِي الرِّزْقِ ۚ فَمَا الَّذِينَ فُضِّلُوا بِرَادِّي رِزْقِهِمْ عَلَىٰ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَهُمْ فِيهِ سَوَاءٌ ۚ أَفَبِنِعْمَةِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، رىزىقتا ئۈستۈن قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى باراۋەر بولۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكىلەرگە بەرمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلىشامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، رىزىقتا ئۈستۈن قىلىنغانلار ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى باراۋەر بولۇش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى قۇللارغا بەرمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلىشامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بەزىلىرىڭلارغا كۆپ، بەزىلىرىڭلارغا ئاز رىزىق بەردى. كۆپ رىزىق بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ رىزقىنى قول ئاستىدىكىلەرگە بېرىپ ئۇلارنى رىزىقتا ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش قىلمايدۇ - شۇنداققۇ؟! ئۇلار يەنىلا ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ بەزىڭلارغا كۆپ، بەزىڭلارغا ئاز مال - مۈلۈك بەردى، شۇنىڭ بىلەن بەزىڭلار خوجايىن بەزىڭلار قۇل (ئىشچى) بولدۇڭلار. سىلەردىن كۆپ مال - مۈلۈككە ئىگە بولغان خوجايىنلار ئۆزلىرىنىڭ مال - مۈلكىدىن قول ئاستىدىكى قۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ ھالەتكە كەلتۈرمەيدۇ، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا ئىچىڭلاردىن ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان كىشىلەر (مۇشرىكلار)، ئاللاھتىن غەيرىينى قانداقمۇ ئاللاھ بىلەن تەڭ كۆرىدۇ؟ ئۇلار قول ئاستىدىكىلەرنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ كۆرمەيۋاتقان يەردە، قانداقمۇ ئاللاھنىڭ بەزى مەخلۇقاتىنى ئاللاھ بىلەن تەڭ كۆرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ، ئاللاھنىڭ شۇنچە نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن تۇزكورلۇق قىلىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ بَنِينَ وَحَفَدَةً وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَتِ اللَّهِ هُمْ يَكْفُرُونَ
ئاللاھ سىلەر (نىڭ ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۆز تىپىڭلاردىن سىلەر ئۈچۈن جۈپتىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپلەرنى يارىتىپ بەردى، جۈپلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئوغۇللار ۋە نەۋرىلەرنى يارىتىپ بەردى، سىلەرگە پاك رىزىقلارنى بەردى. ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلارغا ئوخشىغان ئىنسان جۈپلەر يارىتىپ بەردى، جۈپتىلىرىڭلاردىن سىلەرگە بالىلار ۋە نەۋرىلەر يارىتىپ بەردى، سىلەرگە پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدى. سىلەردىن مۇشرىك بولغانلار ئەنە شۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھنى قويۇپ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىگە مۇشۇنداق تۇزكورلۇق قىلسا بولامدۇ؟! ئاللاھنىڭ نېمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش ئەقىلگە، ۋىجدانغا ۋە مەنتىقكە سىغامدۇ؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَهُمْ رِزْقًا مِنَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ شَيْئًا وَلَا يَسْتَطِيعُونَ
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە ئاسمانلاردىن ھېچقانداق رىزىق چۈشۈرۈپ ۋە يەردىن ھېچقانداق رىزىق چىقىرىپ (يەنى ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ۋە يەردىن زىرائەت ۋە دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ) بېرەلمەيدىغان، (شۇنداق قىلىشقا) قۇدرىتى يەتمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە ئاسمانلاردىن ھېچقانداق رىزىق چۈشۈرۈپ ۋە يەردىن ھېچقانداق رىزىق چىقىرىپ بېرەلمەيدىغان، ۋە شۇنداق قىلىشقا قۇدرىتى يەتمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن ھېچ رىزىق بېرەلمەيدىغان ۋە بۇنداق قىلىشقا ھەرگىزمۇ كۈچى يەتمەيدىغان ئويدۇرما ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە ھېچقانداق رىزىق بېرەلمەيدىغان، ئاسماندىن بىر تامچە سۇ چۈشۈرۈپ بېرەلمەيدىغان، زېمىندىن بىر تال گىياھ ئۈندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ۋە قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئاللاھ بەرگەن رىزىق بىلەن ياشاۋاتىدۇ. ئاللاھ بەرگەن رىزىقنى يەپ، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىش تۇزكورلۇق ۋە ئەقىلسىزلىقتۇر. ئىبادەتنى رىزىقنى بەرگەن ئاللاھقا قىلىش ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىشتىن قورقۇش كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَا تَضْرِبُوا لِلَّهِ الْأَمْثَالَ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
سىلەر ئاللاھقا مىسال كەلتۈرمەڭلار (يەنى ئاللاھقا بۇتلارنى ئوخشاتماڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار). ئاللاھ ھەقىقەتەن (ھەممە ھەقىقەتنى) بىلىدۇ، سىلەر (ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلمەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھقا مىسال كەلتۇرمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى ئوخشاتماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئاللاھتىن غەيرىينىڭ سىلەرگە ھېچقانداق رىزىق بېرەلمەيدىغانلىقى ۋە قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. بۇنى سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر ۋە ئېتىراپ قىلىسىلەر. ئۇنداقتا، ئاللاھقا تەڭداشلارنى ئويدۇرماڭلار، ئوخشاشلارنى توقۇپ چىقارماڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش بىلەن ئۇنى ئاللاھقا تەڭ قىلماڭلار ۋە ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرمەڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنىڭ قەبىھلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن سىلەرنى بۇ يامان ئىشتىن توسىدۇ، سىلەر بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن بۇ يامان ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر. سىلەر ئاللاھنىڭ يارىتىش، ياشىتىش ۋە باشقۇرۇشتا شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر، نېمىشقا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈسىلەر؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا عَبْدًا مَمْلُوكًا لَا يَقْدِرُ عَلَىٰ شَيْءٍ وَمَنْ رَزَقْنَاهُ مِنَّا رِزْقًا حَسَنًا فَهُوَ يُنْفِقُ مِنْهُ سِرًّا وَجَهْرًا ۖ هَلْ يَسْتَوُونَ ۚ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئاللاھ بۇنداق بىر مىسال كەلتۈرىدۇ: ھېچقانداق ئىشنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بىر قۇل بىز ئوبدان رىزىق (يەنى مال ـ مۈلۈك) ئاتا قىلغان ۋە ئۇنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلىپ تۇرغان (ھۆر ـ ئەركىن) ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ (يەنى ھېچ نەرسىگە ئىگە بولمىغان قۇلغا ئوخشايدىغان بۇتلارنى ھەممىگە ئىگە بولغان ۋە كائىناتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان ئاللاھ بىلەن قانداقمۇ تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟) جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇلار (يەنى كاپىرلار) نىڭ تولىسى (ھەمدۇساناغا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى، بۇتلارنىڭ ھەمدۇساناغا ۋە ئىبادەتكە لايىق ئەمەسلىكىنى) ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرىدۇ: ھېچقانداق ئىشنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بىر قۇل، بىز ئوبدان رىزىق ئاتا قىلغان ۋە ئۇنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلىپ تۇرغان ھۆر ـ ئەركىن ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! بەلكى، ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇنداق مىسال كەلتۈردى: باشقىسىنىڭ مېلى ھېسابلىنىدىغان ۋە ھېچ نەرسىگە كۈچى يەتمەيدىغان بىر قۇل بىلەن بىز ياخشى رىزىق ئاتا قىلساق، ئۇ رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلالايدىغان ھۆر بىر كىشى بولسا، ئۇلار باراۋەر بولامدۇ؟ ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق مىسال بايان قىلدى: باشقىلارنىڭ مۈلكى ھېسابلىنىدىغان ۋە ئۆزى چاغلاپ ھېچ ئىش قىلالمايدىغان قۇل، ئىلكىدە مۈلكى ۋە ئۇنى خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى بولغان ھۆر ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكى ۋە ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا، ئاللاھ ئۇلارنى خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەر بولسا، ھېچ نەرسىگە ۋە ھېچبىر تەسەررۇپقا ئىگە ئەمەس. ئۇنداقتا، ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھلا لايىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلۇغلاپ ئىتائەت ئاللاھقىلا قىلىنىشى ۋە ھەمدۇسانالار ئاللاھقىلا ئېيتىلىشى لازىم. لېكىن مۇشرىكلارنىڭ تولىسى ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىبادەتكە لايىق بولغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ چوڭلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئۇ غەيرىيگە قىلىش بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَجُلَيْنِ أَحَدُهُمَا أَبْكَمُ لَا يَقْدِرُ عَلَىٰ شَيْءٍ وَهُوَ كَلٌّ عَلَىٰ مَوْلَاهُ أَيْنَمَا يُوَجِّهْهُ لَا يَأْتِ بِخَيْرٍ ۖ هَلْ يَسْتَوِي هُوَ وَمَنْ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ ۙ وَهُوَ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
ئاللاھ يەنە مۇنداق مىسال كەلتۈرىدۇ؛ مۇنداق ئىككى ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ۋە ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان بىر گاچادۇركى، ئىگىسى بۇ گاچىنى مەيلى قەيەرگە ئەۋەتسۇن، ئۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. يەنە بىرى بولسا ئۆزى توغرا يولدا ماڭغان ۋە (كىشىلەرنى) ھەققانىي بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ئادەمدۇر، بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاشمۇ؟ (يەنى بۇ گاچا بىلەن ئۆزى توغرا يولدا تۇرۇپ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان، ئۆزى قۇرئان نۇرى بىلەن نۇرلانغان ئادەم بىر ـ بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئۇلارنى ئوخشاش ئورۇنغا قويمىغىنىدەك، بۇت ۋە تاشنى ھەممىنى بىلگۈچى قۇدرەتلىك ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ يەنە مۇنداق مىسال كەلتۈرىدۇ؛ ئىككى ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ۋە ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان بىر گاچادۇركى، ئىگىسى بۇ گاچىنى مەيلى قەيەرگە ئەۋەتسۇن، ئۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، يەنە بىرى بولسا ئۆزى توغرا يولدا ماڭغان ۋە كىشىلەرنى ھەققانىي بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ئادەمدۇر، بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاشمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يەنە ئىككى كىشىنى مىسال قىلدى. بۇلارنىڭ بىرى گەپ قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولمىغان، ھېچ ئىشقا قولى كەلمەيدىغان، خوجايىنىغا يۈك بولۇپ قالغان، خوجايىنى قەيەرگە ئەۋەتسە بىرەر ئىش بېجىرەلمەيدىغان كىشىدۇر. بۇنداق كىشى ئىنسانلارنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ۋە توغرا يولدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە مۇنداق مىسال بايان قىلدى: بىرى گاچا، ھېچ ئىشقا قادىر بولالمايدىغان، خوجايىنىغا يۈك بولغان، خوجايىنى قەيەرگە ئەۋەتسە ئىش بېجىرىپ كېلەلمەيدىغان قۇل، يەنە بىرى سەزگۈ ئەزالىرى ۋە پۇت - قوللىرى ساق، ئىلىم - ئېرپان ئىگىسى، ھەققانىيەتچى، باشقىلارنى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان ۋە ئۆزى توغرا يولدا ماڭىدىغان ھۆر. بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاش بولامدۇ؟ بولمايدۇ. ئى مۇشرىكلار! گەپ قىلالمايدىغان ۋە ھېچ ئىش بېجىرەلمەيدىغان بۇتلىرىڭلار، ھەر نەرسىنى ياراتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان قۇدرەتلىك ئاللاھ بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ بولمايدۇ. سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇ بۇتلارنى، ئاللاھ بىلەن تەڭ كۆرىسىلەر؟ ئاللاھقا قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىبادەتنى قايسى ئەقىل، قايسى مەنتىق ۋە قايسى دەلىل بىلەن بۇتلارغا قىلىسىلەر؟ ئاللاھ تائالا 73 ~ 76 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ شۇنچە دەلىلگە قارىماستىن شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ئىككى دانە مىسال بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. 77 - تىن باشلاپ 83 - ئايەتكىچە بولسا، تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى ۋە قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِلَّهِ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا أَمْرُ السَّاعَةِ إِلَّا كَلَمْحِ الْبَصَرِ أَوْ هُوَ أَقْرَبُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېزدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئېچىشقىلا ئوخشاشتۇر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا سىلەر ئۈچۈن غەيىب بولغان بارلىق نەرسىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارىدۇر. قىيامەتنى قايىم قىلىش ۋە ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئىشى كۆز يۇمۇپ - ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە، جۈملىدىن قىيامەتنى مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىتتا قايىم قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ أَخْرَجَكُمْ مِنْ بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ لَا تَعْلَمُونَ شَيْئًا وَجَعَلَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۙ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ئۇ چاغدا ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار. سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتىنى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى ۋە دىللارنى بار قىلدى. شۈكۈر قىلغايسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا باسقۇچتىن باسقۇچقا ئۆتكۈزۈپ يارىتىپ، ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى ياخشى - يامان، پايدا - زىيان ۋە دۇنيا - ئاخىرەت توغرىسىدا ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالىتىڭلاردا بۇ دۇنياغا چىقاردى. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىپ قارار قىلىش قوراللىرى بولغان ئاڭلاش، كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى، دىللارنى بەردى. ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە چۈشىنىش بىلەن ئىلىم ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلغايسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ مُسَخَّرَاتٍ فِي جَوِّ السَّمَاءِ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا اللَّهُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى (ھاۋادىن چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى ھاۋادىن چۈشۈپ كېتىشتىن پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچۇش ئىمكانىيىتى بېرىلگەن ئۇچارقاناتلارنى كۆرمەمدۇ؟ ئۇلارنى پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ قانات ۋە ئىمكان بېرىشى بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇۋاتقان ئۇچارقاناتلارغا قارىمىدىمۇ؟ ئۇلارنى ھاۋادا پەقەت ئاللاھ تۇتۇۋاتىدۇ. ئىمانغا ئىنتىلىدىغان ۋە ھەقنى تونۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىۋەتمىگەن كىشىلەر ئۇلارغا قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ھېكمىتىنى، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ بُيُوتِكُمْ سَكَنًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنْ جُلُودِ الْأَنْعَامِ بُيُوتًا تَسْتَخِفُّونَهَا يَوْمَ ظَعْنِكُمْ وَيَوْمَ إِقَامَتِكُمْ ۙ وَمِنْ أَصْوَافِهَا وَأَوْبَارِهَا وَأَشْعَارِهَا أَثَاثًا وَمَتَاعًا إِلَىٰ حِينٍ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئۆيلەرنى (چېدىرلەرنى) قىلىپ بەردى، سىلەر كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ، تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئۇنىڭ يىنىكلىكىنى ھېس قىلىسىلەر، سىلەرگە قويلارنىڭ يۇڭلىرىدىن ، تۆگىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن، ئۆچكىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆي جاھازلىرىنى (يەنى سىلەر كىيىدىغان ۋە ئۆيۈڭلارنى سەرەمجانلاشتۇرىدىغان) ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە (ئۆلۈم كەلگۈچە ياكى ئۇلار كونىراپ تۈگىگۈچە) پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئۆيلەر-چېدىرلار-نى قىلىپ بەردى، سىلەر كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ، تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئۇنىڭ يىنىكلىكىنى ھېس قىلىسىلەر، سىلەرگە قويلارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تۆگىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن، ئۆچكىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆي جاھازلىرىنى، ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە ئارامگاھ قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن، كۆچكەن كۈنۈڭلاردا ۋە تۇرغان كۈنۈڭلاردا ئېلىپ مېڭىشىڭلارغا ئەپلىك ئۆيلەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ يەنە سىلەرگە ئۇ ماللارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن ۋە چۇپۇرلىرىدىن كىيىم - كېچەكلەر ۋە بىر مۇددەتكىچە چىدايدىغان ئۆي سەرەمجانلىرىنى قىلىپ بەردى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە شۇنداق قابىلىيەت ۋە ئىمكانلار ئاتا قىلدىكى، سىلەر ئۇلار بىلەن مۇقىم ئۆيلەرنى سالىسىلەر ۋە ئۇلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئارامگاھ ھالىتىگە كەلتۈرۈسىلەر. شۇنىڭدەك، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن سەپەر ئۈستىدە پايدىلىنىشىڭلارغا ئەپلىك سەييارە ئۆي (چېدىر)لەر، ئۇلارنىڭ يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇرلىرىدىن ئۆي سەرەمجانلىرى ۋە بىر مۇددەتكىچە پايدىلىنىدىغان باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ياسايسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِمَّا خَلَقَ ظِلَالًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنَ الْجِبَالِ أَكْنَانًا وَجَعَلَ لَكُمْ سَرَابِيلَ تَقِيكُمُ الْحَرَّ وَسَرَابِيلَ تَقِيكُمْ بَأْسَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْلِمُونَ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەر (يەنى دەرەخلەر، تاغلار ۋە بىنالار) دىن (كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان) سايىلەرنى قىلىپ بەردى. تاغلاردىن سىلەرگە (غار، ئۆڭكۈرگە ئوخشاش) تۇرالغۇ قىلىدىغان جايلارنى قىلىپ بەردى. سىلەرگە ئىسسىقتىن (ۋە سوغۇقتىن) ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى (زىيان ـ زەخمەتتىن) ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېمەتلەرنى بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ياراتقان نەرسىلەردىن، كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان سايىلەرنى قىلىپ بەردى. تاغلاردىن سىلەرگە غار، ئۆڭكۈرگە ئوخشاش تۇرالغۇ قىلىدىغان جايلارنى قىلىپ بەردى. سىلەرگە ئىسسىقتىن ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىدىغان كىيىملەرنى، ئۇرۇشتا سىلەرنى زىيان ـ زەخمەتتىن ساقلايدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى تەييار قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى ئىتائەت قىلسۇن دەپ، سىلەرگە ئەنە شۇنداق مۇكەممەل نېمەتلەرنى بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۆزى ياراتقان نەرسىلىرىنىڭ بىر قىسمىدا سىلەر ئۈچۈن سايىلارنى قىلىپ بەردى، تاغلارنىڭ بىر قىسمىدا سىلەر ئۈچۈن ئۇۋىلارنى قىلىپ بەردى، يەنە سىلەر ئۈچۈن سىلەرنى ئىسسىقتىن ساقلايدىغان كىيىملەرنى ۋە سىلەرنى ئۇرۇشتا ساقلايدىغان كىيىملەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە نېمىتىنى ئەنە شۇنداق تاماملايدۇ. تەسلىم بولغايسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھ ئاتا قىلغان ئۇ قابىلىيەت ۋە ئىمكانلار بىلەن ئۆزۈڭلار سالغان ئەنە شۇ ئىككى تۈرلۈك ئۆيلىرىڭلار بىلەن ئىسسىق - سوغۇقتىن ساقلىنىسىلەر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن بەزى نەرسىلەرنىڭ سايىلىرى ۋە سىلەر ئۈچۈن بەزى تاغلاردا پەيدا قىلىپ قويغان ئۆڭكۈرلەر بىلەنمۇ ئىسسىق - سوغۇقتىن ساقلىنىسىلەر. يەنە ئۇ قابىلىيەت ۋە ئىمكانلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئىسسىقتىن ۋە جەڭدە قورال زەربىسىدىن ساقلايدىغان كىيىملەرنى ياسايسىلەر. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە ئۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغاندەك، ئۆز ئىچىڭلاردىن پەيغەمبەر ئەۋەتىپ نېمەتلىرىنى تاماملايدۇ. بۇ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشى) سىلەرنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھ بۇيرۇغان شەكىلدە ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەسكەرتىش: ئىنسانلار ئەۋرەت يەرلىرىنى يېپىش، زىننەتلىنىش، ئىسسىق - سوغۇقتىن ۋە جەڭدە قورال - ياراق زەربىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىيىم كىيىشكە موھتاج بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كىيىملەرنىڭ ماددىلىرىنى يارىتىپ بېرىشى، ئۇلاردىن كىيىم تىكىپ كىيىشنى ئىلھام قىلىشى ۋە تىكىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىشى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېمەتلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە -ساڭا ھېچ زىيىنى يوق-، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار بۇنچە نېمەتلەرگە قارىماي يەنىلا يۈز ئۆرۈسە، سەن جاۋابكار ئەمەس. چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلار دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىسا خاپا بولۇپ كەتمىگىن، قايغۇرمىغىن، چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ ھەقنى روشەن ھالدا يەتكۈزۈشتۇر، ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَعْرِفُونَ نِعْمَتَ اللَّهِ ثُمَّ يُنْكِرُونَهَا وَأَكْثَرُهُمُ الْكَافِرُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن (ئاللاھتىن باشقا بىرىگە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىردۇر (يەنى كاپىر پېتىچە ئۆلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كاپىرلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ، ئاندىن ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى كافىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى، جۈملىدىن مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تونۇيدۇ (ئېتىراپ قىلىدۇ)، ئاندىن ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش ۋە مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئۇ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 83 - ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ، ئۆزىنىڭ نېمەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، 84 - ئايەتتىن 89 - ئايەتكىچە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئاقىۋىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ نَبْعَثُ مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ شَهِيدًا ثُمَّ لَا يُؤْذَنُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئۈممەتتىن (ئۇنىڭغا ئىمان بىلەن ياكى كۇفرى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت (يەنى پەيغەمبەر) كەلتۈرىمىز، ئاندىن كاپىرلارغا (ئۆزرە ئېيتىشقا) رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە ئۇلاردىن پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىش (يەنى پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش) تەلەپ قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇ كۈندە ھەر ئۈممەتتىن بىر شاھىت كەلتۈرىمىز، ئاندىن كاپىرلارغا -ئۆزرە ئېيتىشقا- رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە ئۇلاردىن رەببىنى رازى قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كۈن كېلىدۇ، بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر شاھىت چىقىرىمىز. كافىرلارغا ئۆزرە ئېيتىشلىرى ئۈچۈن رۇخسەتمۇ بېرىلمەيدۇ، ئۆزرە ئېيتىشلىرى تەلەپمۇ قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز قىيامەت كۈنى ھەر ئۇممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى گۇۋاھچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز. ئۇ ئۆز ئۇممىتىنى ھەقكە دەۋەت قىلغان چېغىدا ئۇلارنىڭ دەۋەتكە قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇ چاغدا كافىرلارغا ئۆزرە ئېيتىشلىرى ئۈچۈن رۇخسەتمۇ بېرىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرى تەلەپمۇ قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا رَأَى الَّذِينَ ظَلَمُوا الْعَذَابَ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمْ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
زالىملار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلاردىن (ئازاب) يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلاردىن - ئازاب- يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلاردىن ئازاب يىنىكلىتىلمەيدۇ ۋە ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئۇ كافىرلار گۇۋاھچىلىق ئىشى تۈگىگەندىن كېيىن دوزاخقا ھەيدىلىدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلگەندە ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئازابنىڭ يەڭگىللەشتۈرۈلۈشىنى ياكى كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچبىر تەلىپى قوبۇل قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا رَأَى الَّذِينَ أَشْرَكُوا شُرَكَاءَهُمْ قَالُوا رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ شُرَكَاؤُنَا الَّذِينَ كُنَّا نَدْعُو مِنْ دُونِكَ ۖ فَأَلْقَوْا إِلَيْهِمُ الْقَوْلَ إِنَّكُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇشرىكلار (دۇنيادا چوقۇنغان) بۇتلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىزدۇر» دەيدۇ. مەبۇدلىرى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «شۈبھىسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار دۇنيادا ئاللاھ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىنى كۆرگەن چاغدا: «ئى رەببىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان شېركلىرىمىزدۇر» دەيدۇ، شېرىكلىرى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ؛ «شۈبھىسىزكى، سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا كەلتۈرگەن شېرىكلىرىنى كۆرگەندە: «رەببىمىز! ئەنە شۇلار بىزنىڭ سېنى قويۇپ دۇئا قىلغان شېرىكلىرىمىزدۇر» دەيدۇ. ئۇ شېرىكلەر بولسا بۇ مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ: «سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچىسىلەر!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئۇ كافىرلار ئۆزلىرى دۇنيادا چاغلىرىدا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىنى كۆرۈپ: «رەببىمىز! ئەنە شۇلار، بىز سېنىڭ شېرىكىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىپ، سېنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىزدۇر. مۇشرىكلارنىڭ ئۇ مەبۇدلىرى ئۇلارغا: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ھەقىقەتەن يالغانچى ئادەملەرسىلەر. بىز ئاللاھقا ھەرگىزمۇ شېرىك بولالمايمىز، بىزنىڭ سىلەرگە ‹بىزگە دۇئا قىلىڭلار› دېگىنىمىز يوق، سىلەر بىزگە ئەمەس نەپسى خاھىشىڭلارغا چوقۇناتتىڭلار» دەپ رەددىيە بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَلْقَوْا إِلَى اللَّهِ يَوْمَئِذٍ السَّلَمَ ۖ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
شۇ كۈندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا باش ئەگكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغلىرىدا: «مەبۇدلار بىزگە شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن) يالغان ـ ياۋىداقلىرى يوققا چىقىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇ كۈندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا باش ئەگكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يالغان ـ ياۋىداقلىرى يوققا چىقىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى ئۇلار ئاللاھقا تەسلىم بولىدۇ، ئويدۇرغان ئىلاھلىرى ئۇلارنى تاشلىۋىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ كۈندە مۇشرىكلار ئاللاھقا بويسۇنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ، «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنى قۇتقۇزىدۇ، قوللايدۇ، شافاتچىمىز بولىدۇ» دەپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ، ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ زِدْنَاهُمْ عَذَابًا فَوْقَ الْعَذَابِ بِمَا كَانُوا يُفْسِدُونَ
كاپىر بولغانلارغا ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى دىنىدىن) توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ قوشىمىز — مۇھەممەد سالىھ
كاپىر بولغانلارغا ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئۈچۈن ئازاب قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز كافىر بولغان ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ ئازابىنى قاتمۇقات ئارتتۇرىمىز. چۈنكى ئۇلار بۇزغۇنچىلىق قىلغان. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۆزلىرى كۇفرىلىق قىلىش بىلەن بىرلىكتە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش گۇناھىنىمۇ قىلغانلارنى، ئۆزلىرى كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن دۇچار بولىدىغان ئازابنىڭ ئۈستىگە باشقا ئازاب قوشۇپ جازالايمىز. بۇ ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ نَبْعَثُ فِي كُلِّ أُمَّةٍ شَهِيدًا عَلَيْهِمْ مِنْ أَنْفُسِهِمْ ۖ وَجِئْنَا بِكَ شَهِيدًا عَلَىٰ هَٰؤُلَاءِ ۚ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ تِبْيَانًا لِكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً وَبُشْرَىٰ لِلْمُسْلِمِينَ
شۇ كۈندە بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قارشى (گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت (يەنى پەيغەمبەر) كەلتۈرىمىز ۋە (شۇ كۈندە) بىز سېنى ئۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭگە) شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۇ كۈندە بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر شاھىت كەلتۈرىمىز ۋە شۇ كۈندە بىز سېنى ئۇلارغا شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. ساڭا بىز كىتاب-قۇرئان-نى ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، دىللارغا ھىدايەت، بەندىلەرگە رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
كۈن كېلىدۇ، ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئىچىدىن ئۆزلىرىگە قارشى بىر شاھىت چىقىرىمىز. سېنىمۇ تەبلىغىڭ يەتكەنلەرگە قارشى شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. بىز ساڭا ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلىپ بېرىدىغان، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز قىيامەت كۈنى ھەر ئۇممەتتىن ئۆز پەيغەمبىرىنى گۇۋاھچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز، ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزگەنلىكىنى، قوبۇل قىلغانلارغا جەننەتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگەنلىكىنى، قوبۇل قىلمىغانلارنى دوزاخقا تاشلىنىش بىلەن ئاگاھلاندۇرۇغانلىقىنى ئېيتىپ گۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇ چاغدا سېنىمۇ ئۇممىتىڭگە قارشى گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرىمىز، سەنمۇ ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزگەنلىكىڭنى، ئەلچىلىك ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغانلىقىڭنى، قوبۇل قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگەنلىكىڭنى ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىڭنى ئېيتىپ ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىسەن. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا، ھەر نەرسىنى بايان قىلىدىغان، بويسۇنغانلارغا رەھمەت مەنبەسى، ھىدايەت رەھبىرى ۋە ئىلاھىي رەھمەتنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان بۇ كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدۇق. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بارلىق پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن «قەۋمىڭلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار سىلەرگە قانداق جاۋاب بەرگەن» دەپ سورايدۇ، ئۇلار كامالى ئېھتىرام بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى ئۆز قەۋملىرىگە قارشى گۇۋاھچى قىلىدۇ ۋە ئۇلار يۇقىرىدىكى شەكىلدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا 89 - ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر نەرسىنى بايان قىلىدىغان، بويسۇنغۇچىلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان، ئۇلارنى رەھمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە ئۇلارغا نىجاتلىقنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدىغان كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 90 - ئايەتتىن 111 - ئايەتكىچە، قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي پىرىنسىپلەرنى، ئۇ پىرىنسىپلەرگە رىئايە قىلغانلارغا مۇكاپات، رىئايە قىلمىغانلارغا جازا بارلىقىنى ۋە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش قائىدىسىنى بايان قىلىدۇ. 90 ~ 93 - ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(16-سۈرە نەھىل، 90-ئايەت) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش تەقۋادارلىق ئادالەت ھۆكۈمدارالارنىڭ جاۋبكارلىقىإِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ وَالْإِحْسَانِ وَإِيتَاءِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَيَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ وَالْبَغْيِ ۚ يَعِظُكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز ـ ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا، جىمى خەلققە ياخشىلىق قىلىشقا، خىش ـ ئەقرىبالارغا سىلە ـ رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ سۆز ـ ھەرىكەتلەردىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە پەند ـ نەسىھەت قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قەبىھ سۆز - ھەرىكەتلەردىن، يامانلىقتىن ۋە ناھەقچىلىكتىن توسىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئەلچىسىگە نازىل قىلغان كىتابى قۇرئاندا بەندىلىرىنى تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشقا بۇيرۇيدۇ: 1) ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئادىل بولۇشقا، يەنى ئىنساپ، ھەققانىيەت ۋە توغرىلىقنى ئاساس قىلىپ ياشاشقا بۇيرۇيدۇ، 2) ئالدى بىلەن ئىمان - ئېتىقادنى ياخشىلاش ۋە ئەمەل - ئىبادەتلەرنى لايىق رەۋىشتە ئورۇنداش بىلەن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلىشقا، ئاندىن ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقان، يېتىم، مىسكىن، يىراق - يېقىن قوشنا، سەپەرداش، خىزمەتداش، مەجلىسداش، يولۇچى ۋە قول ئاستىدىكى كىشى قاتارلىق ئەتراپىدىكى بارلىق يېقىنلىرىغا ماددىي - مەنىۋى جەھەتتىن ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، 3) ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا سىيلە - رەھىم قىلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش، يېتىم تۇغقانلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ياخشىلىقلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى يۇقىرىدىكى ئۈچ ئىشقا بۇيرۇش بىلەن بىللە تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشتىن توسىدۇ: 1) غەيۋەت، تۆھمەت، يالغان قاتارلىق قەبىھ سۆزلەردىن ۋە شېرىك كەلتۈرۈش، بەيتۇللاھنى يالىڭاچ تاۋاپ قىلىش، ئۆزى چاغلاپ ھالال - ھارام بەلگىلەش، بېخىللىق، بەچچىۋازلىق ۋە زىنا قاتارلىق قەبىھ ئىشلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممىسىدىن توسىدۇ، 2) پاك فىترەت ياقتۇرمايدىغان ۋە ساغلام ئەقىل رەت قىلىدىغان بارلىق يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. 3) باشقىلارنىڭ شەخسىي، ئائىلىۋى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق سۆز - ھەرىكەتتىن توسىدۇ. ئى ئىنسانلار! ئەمەل قىلىپ رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ بۇ كىتابتا سىلەرگە ئەنە شۇ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى بىلدۈرۈش بىلەن نەسىھەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَوْفُوا بِعَهْدِ اللَّهِ إِذَا عَاهَدْتُمْ وَلَا تَنْقُضُوا الْأَيْمَانَ بَعْدَ تَوْكِيدِهَا وَقَدْ جَعَلْتُمُ اللَّهَ عَلَيْكُمْ كَفِيلًا ۚ إِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ
سىلەر ئەھدە تۈزۈشكەنلىرىڭلاردا ، ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قەسىمىڭلارنى (ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ) پۇختىلىغاندىن كېيىن بۇزماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلدىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئەھدە تۈزۈشكىنىڭلاردا، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىڭلار، قەسىمىڭلارنى ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ پۇختىلىغاندىن كېيىن بۇزماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھ نى گۇۋاھچى قىلدىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بىلەن ئەھدىلەشسەڭلار ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئاللاھنى ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى قىلىپ تۇرۇپ مۇستەھكەملىگەن قەسەملىرىڭلارنى بۇزماڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلىپ تۈزۈشكەن ئەھدىلىرىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ نامىنى تىلىڭلارغا ئېلىپ تۇرۇپ قەتئىي ئىرادە بىلەن قىلغان قەسەملىرىڭلارنى بۇزماڭلار. سىلەرنىڭ ئەھدە بەرگەن ۋە قەسەم قىلغان چېغىڭلاردا ئاللاھنى تىلىڭلارغا ئېلىشىڭلار، ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىشىڭلارغا ۋە قەسىمىڭلاردا تۇرۇشىڭلارغا ئاللاھنى كېپىل قىلغانلىقىڭلار بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، قەسىمىڭلاردا تۇرۇڭلار، چۈنكى ئاللاھ ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىپ قىلمىغانلىقىڭلارنى، قەسىمىڭلاردا تۇرۇپ تۇرمىغانلىقىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلمىساڭلار، قەسىمىڭلاردا تۇرمىساڭلار جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِنْ بَعْدِ قُوَّةٍ أَنْكَاثًا تَتَّخِذُونَ أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ أَنْ تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرْبَىٰ مِنْ أُمَّةٍ ۚ إِنَّمَا يَبْلُوكُمُ اللَّهُ بِهِ ۚ وَلَيُبَيِّنَنَّ لَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر (يەنى ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئۈستىدە بىر جامائە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كېيىن، سانى، پۇل ـ مېلى كۆپرەك يەنە بىر جامائەنى كۆرۈپلا ئىلگىرىكى جامائە بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنى بۇزۇپ، كېيىنكى جامائە بىلەن ئەھدى تۈزىسىلەر)، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ (يەنى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئەمرى) بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ.(ئىزاھات:بۇ، قەسەم ئىچىپ چىڭ ئەھدە قىلىشقاندىن كېيىن ئۆز ئەھدىنى بۇزغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر.) — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار[1]. بىر جامائە سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئايرىپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
يىپىنى پىششىق ئېگىرىپ بولۇپ چۇۋۇۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. يەنى بىر ئۇممەتنىڭ يەنە بىر ئۇممەتتىن ئۈستۈن بولغانلىقىغا قاراپ، قەسەملىرىڭلار بىلەن بىر - بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى بۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! بىر جامائە بىلەن بىرەر ئىش توغرىسىدا ئەھدە تۈزۈشكەندىن كېيىن، ئۇ جامائەدىن باي ۋە كۈچلۈك باشقا بىر جامائەنى كۆرۈپ، ئىلگىرىكى جامائە بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىڭلارنى بۇزۇپ كېيىنكى جامائە بىلەن ئەھدە تۈزۈشمەڭلار. بولمىسا، يىپىنى پىششىق ئېگىرىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇنى چۇۋۇۋەتكەن ئەخمەق خوتۇندەك بولۇپ قالىسىلەر، ھەمدە قەسىمىڭلارنى ئاراڭلاردا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قىلىۋالغان، شۇنداقلا قەسەمنى بۇزۇش ۋە ئالدامچىلىق قىلىش گۇناھلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ لەنىتىگە يولۇقىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى قەسەمدە تۇرۇشقا ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرۇش، قەسەمنى بۇزۇشتىن ۋە ئەھدىدە تۇرماسلىقتىن توسۇش ئارقىلىق سىنايدۇ، قىلىمىشىڭلارنى، جۈملىدىن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىپ قىلمىغانلىقىڭلارنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە بايان قىلىدۇ، ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە تېگىشلىك جازانى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَلَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى پۈتۈن قىلمىشىڭلاردىن سوراققا تارتىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا كەلتۈرىدۇ. سىلەر قىلمىشىڭلاردىن سورىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى ھەق دىن (ئىسلام) ئۈستىدە بىرلەشكەن بىرلا ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ياخشى - ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بېرىپ، ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ئېزىپ كېتىشنى تاللىغانلارنى ئازدۇرۇشنى، ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ھېدايەتنى تاللىغانلارنى ھىدايەت قىلىشنى خالىدى. شۇڭلاشقا سىلەر ھىدايەتنى قوبۇل قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى خالىساڭلار ئاللاھ سىلەرنى ئازدۇرىدۇ. سىلەر قىيامەت كۈنى قىلمىشىڭلار توغرىسىدا سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَتَّخِذُوا أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ فَتَزِلَّ قَدَمٌ بَعْدَ ثُبُوتِهَا وَتَذُوقُوا السُّوءَ بِمَا صَدَدْتُمْ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۖ وَلَكُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
قەدىمىڭلار (ئىسلام دىنىدا) ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر، (سىلەر ئاخىرەتتە دوزاختا) چوڭ ئازابقا قالىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
قەدىمىڭلار ئىسلام دىنىدا ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر، سىلەر ئاخىرەتتە دوزاختا چوڭ ئازابقا قالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
قەسەملىرىڭلارنى ئاراڭلاردا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا مۇستەھكەم دەسسەپ تۇرغان قەدىمىڭلار تېيىلىپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن يامانلىق تېتىيسىلەر، ئاندىن چوڭ ئازابقا دۇچار بولىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! قەسەملىرىڭلارنى ئاراڭلاردا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، بولمىسا توغرا يولدىن ئايرىلىپ كېتىسىلەر ۋە باشقىلارغا يامان ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئەھدىسىنى بۇزۇشقا سەۋەبچى بولىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ئاللاھنىڭ لەنىتىگە يولۇقىسىلەر، ئىشەنچسىز ھېسابلىنىپ ھېچكىم سىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ، ئاخىرەتتە كاتتا ئازابقا دۇچار بولىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَشْتَرُوا بِعَهْدِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۚ إِنَّمَا عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار؛ سىلەر ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب سىلەر ئۈچۈن (پانى دۇنيانىڭ نەرسىلىرىدىن) ئارتۇقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىنى ئەرزىمەس نەرسىگە سېتىۋەتمەڭلار: سىلەر ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتمەڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئاخىرەتتە ئاللاھ بېرىدىغان مۇكاپات سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(95-96) ئى مۇئمىنلار! ئازغىنە دۇنيا مەنپەئەتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەھدىڭلارنى بۇزماڭلار، ئەگەر بىلسەڭلەر سىلەر ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلغان تەقدىردە قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېرىشىدىغان مۇكاپات سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، چۈنكى سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى دۇنيا مەنپەئەتى تۈگەيدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت نېمەتلىرى مەڭگۈ باقىيدۇر. ئاللاھ دۇنيادا توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ، جۈملىدىن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە سەۋر قىلغانلارنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا عِنْدَكُمْ يَنْفَدُ ۖ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ بَاقٍ ۗ وَلَنَجْزِيَنَّ الَّذِينَ صَبَرُوا أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
-ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەستۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسىلەر تۈگىمەيدۇ. بىز سەۋر قىلغانلارنى ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم
-
مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئەر ـ ئاياللاردىن كىمكى مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارنى، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراقى بىلەن مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارنى ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ سەۋر قىلغانلارنىلا ئەمەس، ئەكسىچە ياخشى ئەمەل قىلغان بارلىق مۇئمىنلارنىمۇ ياخشى مۇكاپاتلايدۇ: ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن كىمكى بۇ دۇنيادا مۇئمىن ھالىتىدە تۇرۇپ ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشى ھايات، ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپات نېسىپ قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: «ياخشى ھايات» - دىل ئاراملىقى، ۋىجدان راھەتلىكى، روھىي ھۇزۇر، ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر بولۇش، ھالال رىزىققا ۋە قانائەتچانلىققا ئېرىشىش قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا 89 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەر نەرسىنى بايان قىلىدىغان، بويسۇنغانلارغا ھىدايەت رەھبىرى، رەھمەت مەنبەسى ۋە ياخشىلىقنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن 97 - ئايەتكىچە قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي پىرىنسىپلەرنى، ئۇلارغا رىئايە قىلغانلارغا مۇكاپات، رىئايە قىلمىغانلارغا جازا بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. 98 - ئايەتتىن 102 - ئايەتكىچە ئەنە شۇ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش قائىدىسىنى ئۆگىتىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِذَا قَرَأْتَ الْقُرْآنَ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ
سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن — مۇھەممەد سالىھ
سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
قۇرئان ئوقۇيدىغان چېغىڭدا قوغلاندى شەيتاندىن ئاللاھقا سېغىنغىن. — ئەنەس ئالىم
(98-100) شەيتان ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ دىللىرىغا ۋەسۋەسە سالىدۇ، شۇڭلاشقا قۇرئاننى ئوقۇماقچى بولغان چېغىڭدا ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىشىنى تىلىگىن (يەنى ‹ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم - ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىشىنى تىلەيمەن› دېگىن). شۇنداق قىلساڭ، شەيتاننىڭ ساڭا كۈچى يەتمەيدۇ، چۈنكى رەببىگە تايانغان مۇئمىنلارغا شەيتاننىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. شەيتاننىڭ كۈچى پەقەت ئۆزىنى (شەيتاننى) دوست تۇتقان ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تاشلاپ ئۆزىگە (شەيتانغا) ئىتائەت قىلغان يېقىنلىرىغىلا يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّهُ لَيْسَ لَهُ سُلْطَانٌ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلارنىڭ ۋە رەببىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
چۈنكى شەيتاننىڭ كۈچى ئىمان ئېيتقان ۋە رەببىگىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّمَا سُلْطَانُهُ عَلَى الَّذِينَ يَتَوَلَّوْنَهُ وَالَّذِينَ هُمْ بِهِ مُشْرِكُونَ
شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ (ئىغۋا قىلىشى) بىلەن مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شەيتان پەقەت ئۆزىنى دوست تۇتىدىغانلار ۋە ئۆزىنىڭ ئىغۋا قىلىشى بىلەن مۇشرىك بولۇپ كەتكەنلەر ئۈستىدىنلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شەيتاننىڭ كۈچى پەقەت شەيتاننى ئۆزىنىڭ ۋەلىيسى قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىلەرگىلا يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذَا بَدَّلْنَا آيَةً مَكَانَ آيَةٍ ۙ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوا إِنَّمَا أَنْتَ مُفْتَرٍ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا (يەنى بىر ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈمنى چۈشۈرگىنىمىزدە)، ـ ئاللاھ ئۆزى نازىل قىلغاننى (يەنى شۇ ھۆكۈمدە بەندىگە نېمە مەنپەئەت ۋە ھېكمەت بارلىقىنى) ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ ـ ئۇلار: «(ئى مۇھەممەد!) سەن (ئاللاھقا) يالغان چاپلىدىڭ» دەيدۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا -يەنى بىر ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈمنى چۈشۈرگىنىمىزدە-، ـ ئاللاھ ئۆزى نازىل قىلغاننى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ ـ ئۇلار: «-ئى مۇھەممەد!- سەن ئاللاھقا يالغان چاپلىدىڭ» دەيدۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى ئۇقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتكە ئالماشتۇرغاندا - ئاللاھ ئۆزىنىڭ نازىل قىلىدىغان ئايەتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ -، ئۇ مۇشرىكلار ساڭا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئويدۇرمىچىسەن» دېيىشتى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(101-102) ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكىمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن بەزى چاغدا بىر ئايەت نازىل قىلىپ بىر تۈرلۈك ھۆكۈم بىلدۈرگەن، بىر مۇددەتتىن كېيىن باشقا بىر ئايەت نازىل قىلىپ بۇرۇنقى ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان (مەنسۇخ قىلغان). مەسىلەن: ئاللاھ تائالا روزا ئىبادىتى ھەققىدە باشتا بىر ئايەت نازىل قىلىپ، روزىنىڭ مۇئمىنلارغا ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك (ئاخشامدىن ئاخشامغىچە) پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر مۇددەتتىن كېيىن باشقا بىر ئايەت نازىل قىلىپ، روزىنىڭ سۈبھى سادىقتىن شامغىچە پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئىلگىرىكى ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنىڭدەك، مەست قىلغۇچى نەرسىلەر ھەققىدە تۆت قېتىم ئايەت نازىل قىلىپ، ئۇلارنى تەدرىجىي ھارام قىلغان. بىر ئايەتتە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولغانلارنى سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇغان، ئاندىن باشقا بىر ئايەت نازىل قىلىپ سەدىقە بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىلگىرىكى ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. پەرقلىق ھۆكۈم ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر ئايەتلەرنى ئاڭلىغان مۇشرىكلار: «مۇھەممەد دوستلىرىنى بۈگۈن بىر ئىشقا بۇيرۇپ ئەتىسى ئۇ ئىشتىن چەكلەپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا 101 - ۋە 102 - ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ ئۇلارغا رەددىيە بەرگەن. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «ئىنسانلارغا قايسى ۋاقىتتا قايسى ئايەتنى نازىل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىز بىر چاغدا بىر ئايەت نازىل قىلىپ، ئاندىن كېيىن پەرقلىق ھۆكۈم ئىپادىلەيدىغان باشقا بىر ئايەت نازىل قىلساق، شۇنداقلا ئىلگىرىكى ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرساق، مۇشرىكلار: ‹ئى مۇھەممەد! سەن بۇ قۇرئان دەپ ئۇقۇغان نېمەڭنى ئۆزۈڭ ئويدۇرۇپ چىقتىڭ› دېدى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ بۇ ناشايان سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، خاپا بولۇپ كەتمىگىن. قۇرئاننى سېنىڭ ئويدۇرغىنىڭ يوق، لېكىن مۇشرىكلارنىڭ تولىسى پەرقلىق ھۆكۈم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىشىمىزنىڭ ھېكمىتىنى بىلمەيدىغان، ساڭا پەقەت تەرسالىق، تەقلىدچىلىك ۋە ھەسەتخورلۇق قىلىپ شۇنداق تۆھمەت قىلىدىغان نادان ۋە ئەخمەق كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ھەر ئايىتى ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرئاننى ماڭا رەببىم ئاللاھ پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق نازىل قىلدى. قۇرئاننىڭ ئەنە شۇنداق نازىل قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى، ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاللاھقا بويسۇنغان ئۇ كىشىلەرنى ياخشىلىققا يېتەكلەش ۋە نىجاتلىقنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىشتۇر»، چۈنكى ھەر ئايەتنى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقىغا ئىشىنىش ۋە ھەر ئايەتنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىدۇ، ئۇلارنى بەخت - سائادەت يولىغا يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشى ئاقىۋەتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ نَزَّلَهُ رُوحُ الْقُدُسِ مِنْ رَبِّكَ بِالْحَقِّ لِيُثَبِّتَ الَّذِينَ آمَنُوا وَهُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُسْلِمِينَ
ئېيتقىنكى، قۇرئاننى جىبرىئىل مۆمىنلەرنىڭ (ئىمانىنى) مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭ ھۇزۇرىدىن راستچىللىق بىلەن نازىل قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: قۇرئاننى جىبرىئىل مۇئمىنلارنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ، رەببىڭ ھۇزۇرىدىن راستچىللىق بىلەن نازىل قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئۇنى رەببىڭ تەرىپىدىن رۇھۇلقۇدۇسنىڭ ھەق بىلەن نازىل قىلغانلىقىنى، مەقسەتنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىش، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى» ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّهُمْ يَقُولُونَ إِنَّمَا يُعَلِّمُهُ بَشَرٌ ۗ لِسَانُ الَّذِي يُلْحِدُونَ إِلَيْهِ أَعْجَمِيٌّ وَهَٰذَا لِسَانٌ عَرَبِيٌّ مُبِينٌ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇرئاننى بىر ئىنسان تەلىم بېرىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس، بۇ (قۇرئان) بولسا روشەن ئەرەب تىلىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ: «مۇھەممەد - ئەلەيھىسسالام-غا قۇرئاننى بىر ئىنسان تەلىم بېرىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس، بۇ قۇرئان بولسا روشەن ئەرەب تىلىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ: «بۇ قۇرئاننى مۇھەممەدكە بىر ئىنسان ئۆگىتىدۇ» دېگەنلىكىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز. ئۇلار مۇھەممەدنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دەپ كۆرسەتكەن كىشىنىڭ تىلى ئەجەمچىدۇر، قۇرئان بولسا روشەن ئەرەبچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بىز مۇشرىكلارنىڭ: «مۇھەممەدكە ۋەھىي نازىل قىلىنمىدى، ئۇنىڭ قۇرئان دەپ ئوقۇۋاتقان نەرسىسىنى ئۇنىڭغا بىر ئەجنەبىي ئادەم ئۆگىتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى قىپقىزىل يالغان، چۈنكى ئۇلار: «مۇھەممەدكە ئۆگىتىۋاتىدۇ» دېگەن ئادەمنىڭ تىلى ئەجەمچىدۇر. بۇ قۇرئاننىڭ تىلى بولسا روشەن ئەرەبچىدۇر. ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرى ئەرەب تۇرۇقلۇق «ھەممىڭلار بىرلىشىپ قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىرەر سۈرە مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دېگەن تەكلىپكە ھازىرغىچە جاۋاب بېرىشتىن ئاجىز كەلدى. ئۆزلىرىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان ۋە ئەرەبچىنى ئەڭ ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ئۇ مۇشرىكلار ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمىگەن بۇ قۇرئاننى مۇھەممەدكە قانداقمۇ بىر ئەجەم ئۆگەتسۇن؟! ناۋادا ئۇنداق ئىش مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلارمۇ شۇ ئەجەمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆگەنسە ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرسە، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ غالىبىيىتىنى ئېلان قىلسا بولمامدۇ؟ ياق، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى ھەرگىزمۇ مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلار بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ بۇنى قىلالمايدۇ. ئۇلار قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭلاشقا قۇرئان ئالدىدا تېڭىرقاپ ئەنە شۇنداق (سېھىر، ئەپسانە، ئويدۇرما دېگەندەك) خلمۇخىل سۆزلەرنى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ لَا يَهْدِيهِمُ اللَّهُ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە (يەنى قۇرئانغا) ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ھىدايىتىگە مۇيەسسەر قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ جازاسى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئەلچىلىرىگە ئەگەشمىگەنلەر قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا يَفْتَرِي الْكَذِبَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَاذِبُونَ
پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا (ئاللاھقا) يالغان چاپلايدۇ، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغانچى ئەمەس) دەل ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يالغانچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ، ئەنە ئاشۇلار يالغانچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
يالغاننى پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرلا توقۇيدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان يالغاننى ئاللاھقا چاپلىدى» دېدى، ياق، مۇھەممەد ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمىدى. ئەكسىچە بۇ ناشايان سۆزنى قىلغان مۇشرىكلار ئۆزلىرى ئويدۇرغان يالغاننى ئاللاھقا چاپلاۋاتىدۇ. ئەسلىدە يالغانچى ئەنە شۇ مۇشرىكلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۆرىدۇ، ئاڭلايدۇ ۋە ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئايەتلەرگە ئىچىدە ئىشىنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئايەتنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەر ھەققىدە، «ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقىپ ئاللاھقا چاپلىدى، بىر ئادەمدىن ئۆگەندى... دېگەندەك» يالغانلارنى ئويدۇرۇپ چىقىدۇ، ۋە ئۇ ئايەتلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ كَفَرَ بِاللَّهِ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِهِ إِلَّا مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالْإِيمَانِ وَلَٰكِنْ مَنْ شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْرًا فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِنَ اللَّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، ـ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ـ كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، ـ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا -ئاغزىدىلا- ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ـ كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھقا كافىر بولۇپ - قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ زورلانغانلار مۇستەسنا -، كۆڭلىنى كۇفرىلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار قۇرئان ۋە ئۇنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەر ھەققىدە ئەنە شۇنداق تۆھمەتلەرنى قىلىپ ئۇلارنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئىمان كەلتۈرمەكچى بولغانلارنى ئىماندىن ياندۇراتتى، ئىمان كەلتۈرۈپ بولغانلارنى قىينايتتى ۋە كۇفرىغا قايتىشقا زورلايتتى. ئۇلارنىڭ قىيناپ ۋە قىستاپ مەجبۇرلىشى بىلەن بەزى مۇئمىنلار كۇفرى سۆزىنى سۆزلەيتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ كۇفرى سۆزىنى سۆزلىگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: كىمكى ئىمان كەلتۈرگەندىن كېيىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن كۇفرى سۆزىنى سۆزلەيدىكەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدۇ ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. لېكىن قەلبى ئىمان بىلەن ئارام تېپىپ تۇرۇپ، مەجبۇرلىنىش تۈپەيلىدىن كۇفرى سۆزىنى سۆزلىگەنلەر ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ۋە ئەلەملىك ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اسْتَحَبُّوا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
بۇ (يەنى ئازاب) ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ - ئازاب- ئۇلارنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرگەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ كافىر قەۋمنى توغرا يولغا كەلتۈرمەيدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇشىنىڭ ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشىنىڭ ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار: بىرى ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمىتىدىن ئەلا بىلىپ چىن دىلىدىن مۇرتەد بولۇشى، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ لايىق بولمىغانلارنى توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلمايدىغانلىقى. يەنى ئۇلار قايتا كافىر بولۇش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرىدىغان دۇنيا مەنپەئەتىنى دەپ كۇفرىغا كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن قايتقان ۋە ئاللاھ ئۇلارنى بۇ تاللىشى سەۋەبلىك ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋەتكەن، نەتىجىدە ئۇلار ئۆز تاللىشى بىلەن دۇنيادا ۋاقىتلىق مەنپەئەتكە ئېرىشكەن، لېكىن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قېلىپ، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا لايىق بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن دىللىرى، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرى پېچەتلىۋېتىلگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى، ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر. — ئەنەس ئالىم
(108-109) ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن كۇفرىغا قايتقان ئۇ مۇرتەتلەرنى ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا تەرك ئېتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ھەقنىڭ نۇرى كىرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ھەقنى كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى ھەقنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار ئۇچىغا چىققان غاپىل كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقا ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايدۇ، مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتكە بېرىلىپ ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. دۆتلۈك، ھاماقەتلىك ۋە گومۇشلۇق مانا بۇدۇر. ئۇلار بۇ خاتا تاللىشى نەتىجىسىدە دۇنيادا ئەنە شۇنداق قەلب، كۆز ۋە قۇلاقلىرى پېچەتلەنگەن ھالدا بىخۇد ياشاپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن زىيانغا ئۇچرايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئۇلار راستتىنلا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار راستتىنلا ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ هَاجَرُوا مِنْ بَعْدِ مَا فُتِنُوا ثُمَّ جَاهَدُوا وَصَبَرُوا إِنَّ رَبَّكَ مِنْ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
ئاندىن (ئى مۇھەممەد!) زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغان. ئاندىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغان ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغانلارغا پەرۋەردىگارىڭ (مەغپىرەت قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ شۇنىڭدىن (يەنى ئۇلارنىڭ ھىجرەت، جىھاد ، سەۋر قىلغىنىدىن) كېيىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھمەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن -ئى مۇھەممەد!- زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن -مەدىنىگە- ھىجرەت قىلغان. ئاندىن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغان ۋە -جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە- چىدىغانلارغا كەلسەك، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھمەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇلاردىن كېيىن شۇنى بىلگىنكى، رەببىڭ ئەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن ھىجرەت قىلغان، ئاندىن جىھاد قىلغان ۋە سەۋر قىلغانلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. رەببىڭ بۇ ياخشىلىقلاردىن كېيىن ئۇلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ، ئۇ مۇشرىكلار تەرىپىدىن قىيىن - قىستاقلارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىمانىنى ساقلاش ئۈچۈن يۇرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، توغرا يولدا ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە كۈرەش قىلغان ۋە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا سەۋر - تاقەت قىلغان كىشىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، سېنىڭ رەببىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت ئاتا قىلىدۇ. قىسقىسى رەببىڭ ئۇلارغا دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ تَأْتِي كُلُّ نَفْسٍ تُجَادِلُ عَنْ نَفْسِهَا وَتُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
ھەر ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدىغان كۈننى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) ئەسلىگىن — مۇھەممەد سالىھ
ھەر ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى/جازاسى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدىغان كۈننى ئەسلىگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
قىيامەت كۈنى ھەركىم ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشدۇ ۋە ھەركىمگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! كافىرلارنىڭ مەزكۇر جازا بىلەن جازالىنىشى ۋە مۇئمىنلارنىڭ مەزكۇر مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىنىشى، ھېچكىم ھېچكىمگە ياردەم قىلالمايدىغان، ھەر كىشى ئۆز ھېسابىنى بېرىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىدىغان، ھەر كىشىگە قىلچە ھەقسىزلىق قىلىنماستىن ئۆز قىلمىشىنىڭ بەدىلى تولۇق بېرىلىدىغان كۈندە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ، قىيامەت كۈنى بولۇپ، ئاللاھ ئۇ كۈندە بىر ياخشىلىقا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ئون ھەسسە مۇكاپات بېرىدۇ، بىر يامانلىققا ئۆز ئادالىتى بىلەن بىر يامانلىقنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا قَرْيَةً كَانَتْ آمِنَةً مُطْمَئِنَّةً يَأْتِيهَا رِزْقُهَا رَغَدًا مِنْ كُلِّ مَكَانٍ فَكَفَرَتْ بِأَنْعُمِ اللَّهِ فَأَذَاقَهَا اللَّهُ لِبَاسَ الْجُوعِ وَالْخَوْفِ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر (يەنى مەككە ئاھالىسى) بولۇپ، (ئەسلىدە) تىنچ ـ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ ـ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، (ئۇنىڭ ئاھالىسى) ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر شەھەر بولۇپ، ئەسلىدە تىنچ ـ خاتىرجەم ئىدى. ئۇنىڭ رىزقى تەرەپ ـ تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە كۇفرىلىق قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاچلىقنىڭ ۋە قورقۇنچنىڭ ئەلىمىنى تېتىتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بىر يۇرتنى مىسال قىلدى. ئۇ تىنچ، خاتىرجەم، رىزقى ھەر تەرەپتىن كەڭتاشا كېلىپ تۇرىدىغان يۇرت ئىدى. لېكىن ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئاچلىقنى ۋە قورقۇنچنى تېتىتتى. ئاچلىق ۋە قورقۇنچ كىيىم - كېچەكتەك ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئورىۋالدى. — ئەنەس ئالىم
(112-113) ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، مۇنداق بىر يۇرتنى مىسال بايان قىلدى: ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىكتە ياشايتتى، ئۇلارنىڭ رىزقى ھەر جايدىن كېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنى ئاچارچىلىق ۋە قورقۇنچ بىلەن جازالىدى. ئۇلارنىڭ بايلىقىنىڭ ئورنىنى پېقىرلىق، ئامانلىقىنىڭ ئورنىنى قورقۇنچ ۋە خاتىرجەملىكىنىڭ ئورنىنى غەم - ئەندىشە ئالدى، چۈنكى ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن لايىق بولغان ئەھۋالغا ئۆزگەرتىپ قويىدۇ. ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسىگە ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئۇ پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زۇلۇم بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەسنادا ئازابقا دۇچار بولدى. ئى مەككە مۇشرىكلىرى! سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلار مەككىمۇ ئامان شەھەر، بۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن رىزىق كېلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىمۇ ئاچلىقتىن ۋە قورقۇنچتىن ساقلىدى. سىلەرگىمۇ ئۆز ئىچىڭلاردىن پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ناۋادا سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلساڭلار ۋە بۇ پەيغەمبەرگە قارشى چىقىشنى داۋاملاشتۇرساڭلار ئۇ نېمەتلەردىن مەھرۇم قالىسىلەر، شۇنداقلا ھەر ئىككى دۇنيادا جازالىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْهُمْ فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمُ الْعَذَابُ وَهُمْ ظَالِمُونَ
ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى، ئۇنى ئۇلار ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا ئازاب (يەنى قاتتىقچىلىق ۋە ئوقۇبەت) يۈزلەندى، ئۇلار (گۇناھلارغا چۆمگەنلىك تۈپەيلىدىن) زالىم ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر كىلىۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زالىملىق قىلىۋاتقاندا ئۇلارغا ئازاب يۈزلەندى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى كەلدى، ئۇلار ئۇ ئەلچىنى يالغانچى دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازابقا يولۇقتى، ئۇلار ئۇ چاغدا زۇلۇم قىلۋاتقان ئىدى. — ئەنەس ئالىم
-
فَكُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ حَلَالًا طَيِّبًا وَاشْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، شېرىن يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ھالال ۋە پاك رىزىقتىن يەڭلار. ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! مۇشرىكلار ئەنە شۇنداق كۇفرىلىق قىلىدۇ. سىلەر مادامىكى ئىمان كەلتۈردۈڭلار، ئۇنداقتا ئاللاھ ئاتا قىلغان ھالال ۋە پاك رىزىقتىن يەڭلار، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار. ئەگەر ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىدىغان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار. «ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى» - ئاسمان، ئاسماندىكى قۇياش، ئاي ۋە سان - ساناقسىز يۇلتۇزلار، زېمىن، زېمىندىكى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلار، رەڭگارەڭ ئۆسۈملۈكلەر، مېۋىلىك ۋە مېۋىسىز دەرەخلەر، يەرلىك ۋە ياۋايى ھايۋانلار، ھاشاراتلار، ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى بۇلۇت، شامال، ئۇچارقانات...، ئىنسان ھاياتىدا ئالغان ھەر نەپەس، ئىچكەن ھەر يۇتۇم سۇ، يېگەن ھەر لوقما، بەدىنىنى يۆگىگەن ھەربىر كىيىم.... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىنسان ئۆز ئەقلىنى ئىشلىتىش بىلەن ئۇ نېمەتلەرنى تونۇيدۇ. ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلار ۋە ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەر (پەيغەمبەرلەر) ئىنسانغا ئۇ نېمەتلەرنى ئەسلىتىدۇ، ئۇلارنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ. «شۈكۈر» ياخشىلىق قىلغۇچىغا بىرەر ياخشى سۆز بىلەن رەھمەت ئېيتىش ياكى بىرەر ياخشى ئىش بىلەن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش دېگەن بولىدۇ. بۇ، ئادەتتە ئىنسانلار ئارىسىدا «رەھمەت، تەشەككۈر، ھەشقاللا» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بولىدۇ. ئەمما ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش بولسا، ياشاش ئۈچۈن لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى دىل بىلەن ئېتىراپ قىلىش، تىل بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش، قول - پۇت ئەزالار بىلەن ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار» دېگەن مەنىدىكى شەرت جۈملىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش - دىل، تىل ۋە قول - پۇت ئەزالار بىلەن ئاللاھقا ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش پەقەت بۇ شەكىلدىلا مۇمكىن. ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن ھەر پەيغەمبەرنىڭ «ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېلىشىمۇ ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنىڭ ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىشنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئەنە شۇنداق زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشقا، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةَ وَالدَّمَ وَلَحْمَ الْخِنْزِيرِ وَمَا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ ۖ فَمَنِ اضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلَا عَادٍ فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا (يېسە) ئاللاھ (ئۇنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇنىڭغا) كۆيۈنگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يېسە، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا كۆيۈنگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، توڭگۇزنىڭ گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىلا ھارام قىلدى. كىمكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەجبۇر بولۇپ، ئۇلاردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يېسە، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مۇئمىنلارنى ھالال ۋە پاك رىزىقلاردىن يېيىشكە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئۇلارغا ھارام قىلغان نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ. ئۇ نەرسىلەر ئۆلتۈرۈپ يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، ھايۋاننى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇپ بوغۇزلانغان ھايۋان. ھاراملار ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت، لېكىن ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چارىسىز قالغان كىشىنىڭ، ئۇلاردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يېيىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان بەندىسىنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ ھاياتىنى بۇ شەكىلدە قۇتقۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان ھاراملار باشقا يەنە ئۈچ ئايەتتىمۇ بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە شۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرلىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى، ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنى، 2 - سۈرە بەقەرەنىڭ 172 - ۋە 173 - ئايەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇشى ۋە ئۇ ئايەتلەرنىڭ «ئى مۇئمىنلار!» دېگەن خىتاب بىلەن باشلىنىشى بۇ (14 - ۋە 15 -) ئىككى ئايەتتىكى خىتابنىڭ مۇئمىنلارغا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا 14 - ئايەتنىڭ ئىزاھاتى «ئى مۇئمىنلار» دەپ باشلاندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَٰذَا حَلَالٌ وَهَٰذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ
ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورۇش ئۈچۈن ئاغزىڭلارغا كەلگەننى سۆزلەش ئۈچۈن :«بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ «ئۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(116-117) ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى بەزى ھايۋانلارنى ۋە ئېكىنلەرنى ئۆزى چاغلاپ ھارام قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئۆزى چاغلاپ ھالال - ھارام بەلگىلەشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا بۇنىڭ ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغانلىق بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ بۇ تۆھمىتى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسىنىڭ ئازغىنە دۇنيا مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇ مۇئمىنلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَتَاعٌ قَلِيلٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
(ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دۇنيادىن پەقەت ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئازغىنە بەھرىمەن بولۇشتۇر. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
-
وَعَلَى الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا مَا قَصَصْنَا عَلَيْكَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى يالغۇز يەھۇدىيلارغا ھارام قىلدۇق، (بۇنىڭ بىلەن) بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى يەھۇدىيلارغىلا ھارام قىلدۇق، بۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! يەھۇدىيلارغا بىز ساڭا ئىلگىرى زىكىر قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلغان ئىدۇق[8]. بۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئەگەشكەنلەرگە پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلدۇق، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. ئەمما يەھۇدىيلارغا، بەزى پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلغانلىقىمىزغا كەلسەك، بىز ئۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا ھارام قىلىش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ھەددىدىن ئېشىش بىلەن ئۇ نەرسىلەرنى ھارام قىلىشىمىزغا لايىق بولدى، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ عَمِلُوا السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابُوا مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا إِنَّ رَبَّكَ مِنْ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
شۈبھىسىزكى، بىلمەستىن يامان ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بىلمەستىن يامان ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئەمەلىنى تۈزەتكەنلەرگە رەببىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇلاردىن كېيىن شۇنى بىلگىنكى، رەببىڭ يامان ئىشنى نادانلىقتىن قىلغان، لېكىن بۇنىڭ كەينىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغانلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن كېيىن رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا 116 - ۋە 117 - ئايەتلەردە ئۆزى چاغلاپ ھالال - ھارام بەلگىلىگەنلەرنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ئاللاھ كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالايدۇ. ئەمما نادانلىق، ھاماقەتلىك ۋە بىخەستەلىكتىن يامانلىقنى قىلىپ سېلىپ، ئاندىن تەۋبە قىلغان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۆزىنى تۈزەتكەن كىشىلەرنى كەچۈرىدۇ ۋە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ. دېمەككى، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئالدىدا تەۋبە دەرۋازىسى ئوچۇق، لېكىن تەۋبە سەمىمىي ۋە ۋاقتىدا قىلىنغان بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ 120 - ئايەتكىچە ئاساسەن مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىنى يالغانغا چىقىرىدۇ، ئۇلارغا يولىنىڭ خاتالىقىنى، قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى ۋە دەۋالىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى شېرىكتىن تەۋبە قىلىپ تەۋھىدنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستتىنلا پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا نىجاتلىقنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ئەگىشىش بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. 120 ~ 124 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان، يولىنىڭ توغرىلىقىنى ۋە ئۇ يولدا مېڭىش لازىملىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كىملىكىنى، يولىنى ۋە دۇنيا - ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىسىنى تونۇتىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش بىلەن ئەنە شۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى ئەگەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشمەكچى بولسا شېرىكتىن تەۋبە قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد يولىغا ئەگىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ پەرقلىق ئادىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ إِبْرَاهِيمَ كَانَ أُمَّةً قَانِتًا لِلَّهِ حَنِيفًا وَلَمْ يَكُ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم ھەقىقەتەن ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى بىر پېشىۋا، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ۋە ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئىدى. ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم بىر ئۇممەت ئىدى، ئاللاھقا ئىتائەتمەن ئىدى، ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى، — ئەنەس ئالىم
(120-122) ئى مۇشرىكلار! سىلەر پەخىرلىنىدىغان ئىبراھىم، ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ ئىنسانلارغا يېتەكچى ۋە ئۈلگە قىلىشىمىزغا لايىق بولغان كىشى ئىدى، ئەمرىمىزگە چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى، باتىل ئېتىقاد ۋە يامان ئىشلاردىن نېرى تۇرۇپ تەۋھىد ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان، ياخشى ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلغان بەندىمىز ئىدى، شېرىكتىن ۋە شېرىك ئەھلىدىن ئادا - جۇدا ئىدى، نېمەتلىرىمىزنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلغۇچى ئىدى. بىز ئۇنى تاللىغان ۋە توغرا يولغا ئېرىشتۈرگەن، ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنى ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن قىلدۇق. ئەمما سىلەر ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولۇش بىلەن پەخىرلىنىسىلەر، لېكىن شېرىك كەلتۈرۈش ۋە يامان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يولىغا قارشى چىقىۋاتىسىلەر، نېمەتلىرىمىزگە تۇزكورلۇق قىلىش، ئەمرىمىزگە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا لايىق ئەۋلاد بولالمىغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەۋاتىسىلەر، شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىسىلەر. شۇنى بىلىڭلاركى: ئاخىرەتتىكى ھېساب دۇنياغا كىمنىڭ ئەۋلادى بولۇپ كېلىشتىن ئەمەس، دۇنيادا قايسى يولدا ياشىغانلىقتىن ئېلىنىدۇ. دەرۋەقە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام شېرىككە ۋە شېرىك ئەھلىگە قارشى كۈرەش قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولغان. ئاللاھ تائالانىڭ، ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتكەن. ئاللاھ تائالانىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆيى بولغان كەئبىنى قايتا بىنا قىلىش، ئۇنى ئىبادەت ئۈچۈن پاك تۇتۇش، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى قىلىش ئۇنىڭغا نېسىپ بولغان. ئۇ، «ئۈلگە، ھەقكە يۆنەلگۈچى، ئىتائەتچان، مۇشرىكلاردىن بولمىغان» دېگەن ئىلاھىي مەدھىيەلەرگە سازاۋەر بولغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن كېيىن قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارنى ھىدايەت تېپىشلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىدا مېڭىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ دوست تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
شَاكِرًا لِأَنْعُمِهِ ۚ اجْتَبَاهُ وَهَدَاهُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى ۋە ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى ئىدى. ئاللاھ ئۇنى تاللىدى ۋە توغرا يولغا باشلىدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَآتَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇنىڭغا دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم ياخشىلارنىڭ قاتارىدا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ أَنِ اتَّبِعْ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى (يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ساڭا: «باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ ۋەھيى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن كېيىن بىز ساڭا: «ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىبراھىم ۋاپات بولۇپ ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن بىز سېنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش، ھەقكە يۆنىلىش، شېرىك ۋە شېرىك ئەھلىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا ئىبراھىمغا ئەگىشىشكە بۇيرۇدۇق. سەن ئۆزۈڭگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە بويسۇنساڭ، ئەنە شۇ ھەقكە يۆنەلگۈچى ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بولىسەن. سېنىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىپ لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارمۇ ئىبراھىمنىڭ يولغا ئەگەشكەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا جُعِلَ السَّبْتُ عَلَى الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ ۚ وَإِنَّ رَبَّكَ لَيَحْكُمُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
شەنبە كۈنى ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈنلا شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش بەلگىلەندى (يەنى شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ كۈندە ئىشلىمەسلىك ئىبراھىمنىڭ شەرىئىتىدە يوق ئىدى. يەھۇدىيلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىپ دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئېغىرچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق بەلگىلىمىنى چىقاردۇق). شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق ـ ناھەق ئۈستىدە چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شەنبە كۈنى، ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلغۇچىلار ئۈچۈنلا بەلگىلەندى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق ـ ناھەق ئۈستىدە چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شەنبە كۈنىنى دەم ئالىدىغان ۋە ئىبادەت قىلىدىغان كۈن قىلىش، بۇ ھەقتە ئىختىلاپ قىلىشقانلارغىلا بەلگىلەندى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ساڭا ۋەھىي قىلىنغان بۇيرۇقلارنىڭ ئىچىدە شەنبە كۈنى دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش لازىملىقىنىڭ يوقلۇقىغا كەلسەك، بۇ ئىبراھىمنىڭ شەرىئىتىدە بار بولغان ئىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ ئىش يەھۇدىيلارغا خاس ئەمردۇر. يەنى سېنىڭ بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلىشىڭ ھەرگىزمۇ ئىبراھىمنىڭ يولىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىڭ بولمايدۇ. ئەسلىدە شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش يەھۇدىيلارغا خاس بىر پەرز بولغان تۇرۇقلۇق، ئۇلار ئۇ كۈننىڭ ھۆرمىتىگە تولۇق رىئايە قىلمىدى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇ كۈننىڭ ھۆرمىتىنى ھىيلىگەرلىك بىلەن ئاياغ ئاستى قىلىپ ئاللاھنىڭ لەنىتىگە يولۇقتى. شۇڭلاشقا يەھۇدىيلارنىڭ سېنى «ئىبراھىمنىڭ يولىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، لېكىن شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاشقا بۇيرۇماسلىق بىلەن ئىبراھىمنىڭ يولىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىشى ھەقسىزلىقتۇر. ئاللاھ تائالا 123 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇيدۇ. 125 ~ 128 - ئايەتلەردە، ئۇنىڭغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا قانداق ئەگىشىشنى ئۆگىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكەن. رەببىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساڭا ئىشەنگەن ھەر مۇئمىن رەببىڭلارنىڭ يولىغا ئۇيغۇن سۆز، مۇناسىپ ئۇسۇل ۋە چىرايلىق نەسىھەت بىلەن چاقىرىڭلار. ئەھلى كىتاب بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە توغرا كەلسە، ئۇلار بىلەن ئىلمىي يوسۇندا، روشەن دەلىل كەلتۈرۈش ۋە تاتلىق تىل بىلەن ئىپادىلەش ئارقىلىق مۇنازىرىلىشىڭلار. سىلەر دەۋەتنى ۋە مۇنازىرىنى ئەنە شۇ رەۋىشتە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنى رەببىڭلارغا تاپشۇرۇڭلار. رەببىڭلار گۇمراھلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنداقلا بۇلارنى يولىغا قوبۇل قىلىدۇ ۋە ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ ۖ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ
ئەگەر (ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار (يەنى ئاشۇرۇۋەتمەڭلار)، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار (يەنى ئىنتىقام ئالماي كەچۈرسەڭلار)، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار (يەنى كەچۈرگۈچىلەر) ئۈچۈن (ئەلۋەتتە) ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەت قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر جازالىساڭلار، سىلەرگە بېرىلگەن جازانىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالاڭلار. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ سەۋر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! سىلەر توغرا يولغا دەۋەت قىلغان كىشىلەردىن سىلەرگە چېقىلغانلار بولسا ۋە سىلەر ئۇلارنى جازالىماقچى بولساڭلار، ئادالەت بىلەن جازالاڭلار، يەنى ئۇلار سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار. لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، سەۋر قىلىپ ئۇلارغا چېقىلمىساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاصْبِرْ وَمَا صَبْرُكَ إِلَّا بِاللَّهِ ۚ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُ فِي ضَيْقٍ مِمَّا يَمْكُرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقى) غا قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئاللاھنىڭ يولىدا ساڭا يەتكەن ئەرزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن، سەۋرەڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن. ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىسىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
سەۋر قىلغىن، سەۋر قىلىشىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا بولىدۇ. ئۇلارغا قايغۇرمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن. — ئەنەس ئالىم
(127-128) ئى مۇھەممەد! دەۋەت يولىدا كەلگەن جاپا - مۇشەققەت ۋە ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن. بىلگىنكى: سېنىڭ سەۋر قىلىپ دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرۇشىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە مۇيەسسەر قىلىشى بىلەندۇر. دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىغانلارغا قاراپ قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن، چۈنكى رەببىڭ ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان ۋە ۋەزىپىسىنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلغان بەندىلىرىگە دۇنيادا نۇسرەت، ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك سائادەت ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلغانلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. — ئەنەس ئالىم