يۇنۇس سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 109 ئايەتمەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (98-ئايەت)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْحَكِيمِ
ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەتلىك كىتاب -قۇرئان- ئايەتلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلىف، لام، را. بۇلار ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەلىف، لام، راھ. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ رَجُلٍ مِنْهُمْ أَنْ أَنْذِرِ النَّاسَ وَبَشِّرِ الَّذِينَ آمَنُوا أَنَّ لَهُمْ قَدَمَ صِدْقٍ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۗ قَالَ الْكَافِرُونَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ مُبِينٌ
ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): ئىنسانلار (يەنى كاپىرلار) نى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھىي قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلارنىڭ بىرىگە: «ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، مۇئمىنلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ ۋەھيى قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئىنسانلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر ئەر كىشىگە: «ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغىن، ئىمان ئېيتقانلارغا رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا سادىقلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ ۋەھىي قىلىشىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولدىمۇ؟ كافىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق سېھىرگەردۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋىتىنى ئاشكارا ھالدا يۈرۈتۈشكە باشلىغاندا، ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى قەۋمى بولغان مەككە مۇشرىكلىرى ئۇنى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يولىغا قارشى چىقىش بىلەن ئەيىبلىگەن، ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن دەۋىتىگە قارشى تۇرغان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قەتئىي رەت قىلغان. جۈملىدىن ئۇنى مەسخىرە قىلغان، ھاقارەتلىگەن ۋە ئۇنىڭغا ھەر خىل تۆھمەتلەرنى چاپلىغان. مەسىلەن: ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە، «سېھىرگەر، كاززاپ، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم»، ئۇنىڭغا نازىل بولغان ئايەتلەر ھەققىدە، «ئويدۇرما، سېھىر، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دېگەن ناشايان سۆزلەرنى قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا كەلسە - كەلمەس گەپلەرنى قىلىپ باشقىلارنى شۈبھىگە چۈشۈرۈش، شەككە سېلىش ۋە گۇمانلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. مەسىلەن: ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسى بولۇش مەرتىۋىسىگە بىرەر ئىنساننىڭ ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ئېرىشكەن تەقدىردە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىرەر پەرىشتىنىڭمۇ ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ كېلىشى ياكى ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە بىرەر ئەھۋالغا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى دەۋا قىلغان. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا نۇرغۇن ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇ يەتكۈزگەن نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايەتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. جۈملىدىن بۇ ئىككى ئايەتتىمۇ ئەنە شۇ ئىككى مەسىلىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئەلىف لام مىم. مۇھەممەدنىڭ ئوقۇۋاتقىنى ۋە ئىنسانلارغا يەتكۈزۈۋاتقىنى بىز (ئاللاھ)نىڭ ھېكمەتلىك كىتابى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. بىزنىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن مۇھەممەدنى تاللاپ، ئۇنىڭغا «دەۋەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغىن، دەۋەتنى قوبۇل قىلغانلارغا مۇكاپات بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ قۇرئاننى ۋەھىي قىلىشىمىز، ئۇ ئىنسانلارغا ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولدىمۇ؟ كافىرلار بىز تاللاپ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئۇ مۇھەممەد ھەققىدە، «بۇ ئوچۇق - ئاشكارا سېھىرگەر» دېدى. ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىشى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشى توغرا بولمىدى. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى 1 - ۋە 2 - ئايەتلەردە ۋەھىينىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 3 ~ 6 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ؛ ئىنسانلارنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقىنى، ھېساب نەتىجىسىدە بەزىلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ۋە بەزىلەرنى جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۖ مَا مِنْ شَفِيعٍ إِلَّا مِنْ بَعْدِ إِذْنِهِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھدۇر، ئۇ ئىنسانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئاللاھ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەر قانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلگەن ئاللاھتۇر[1]. ئۇ ئىشلارنى پىلانلايدۇ. ئۇ رۇخسەت بەرمىگۈچە ھېچكىم شاپائەت قىلالمايدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئويلانمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى، قۇرئاننى نازىل قىلىش ۋە ئۆز ئىچىڭلاردىن بىر كىشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق توغرا يولغا دەۋەت قىلغان رەببىڭلار (ياراتقۇچىڭلار، باققۇچىڭلار ۋە باشقۇرغۇچىڭلار)، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە ئەرشكە يۈكسەلگەن، كائىناتتىكى پۈتكۈل ئىشلارنى پىلانلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان ئاللاھتۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم ھېچكىمگە شاپائەت قىلالمايدۇ. ئەنە شۇ قۇدرەتلىق ئاللاھ ىسلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇ ھالدا بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشنى دەرھال تەرك ئېتىپ شۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ۋە بويسۇنۇڭلار. ئۇ ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچى مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، ھوشۇڭلارنى يىغىڭلار، ئايەتلىرىنى ئەتراپلىق چۈشىنىڭلار ۋە ئۇلارغا قارىتا ياشاڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ إِنَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ بِالْقِسْطِ ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ شَرَابٌ مِنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
(قىيامەت كۈنى) ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدۇ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئادىللىق بىلەن مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر. كافىر بولغانلارغا كۇفرى تۈپەيلىدىن قىزىق ئىچىملىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر. بۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان ۋەدىسى بولۇپ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ بۇنى ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي جَعَلَ الشَّمْسَ ضِيَاءً وَالْقَمَرَ نُورًا وَقَدَّرَهُ مَنَازِلَ لِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ ۚ مَا خَلَقَ اللَّهُ ذَٰلِكَ إِلَّا بِالْحَقِّ ۚ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى. يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى (يەنى بۇرۇجلارنى) تەيىن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق (بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ۋە زور مەنپەئەت ئۈچۈن ياراتتى)، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) بىلىدىغان (ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى پىكىر قىلىدىغان) قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلارنىڭ ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى تەيىن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق، ئاللاھ ئايەتلىرىنى بىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇياشنى نۇر مەنبەسى، ئاينى نۇر ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلدى ۋە ئايغا مەنزىللەر بەلگىلىدى. ئاللاھ بۇنى يىللارنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلارنىڭ ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ بۇلارنى پەقەت ھەق بىلەنلا ياراتتى. ئاللاھ ئايەتلىرىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ رەببىڭلار يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان ۋە قىلىدىغان زات بولۇش بىلەن بىرگە، قۇياشنى ئىسسىقلىق ۋە نۇر مەنبەسى، ئاينى نۇر ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلىپ ياراتقان، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايغا مەنزىللەر بەلگىلىگەن زاتتۇر. ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىپ ياراتتى. سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغايسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىش ھېكمىتىنى بىلگەيسىلەر ۋە بۇ بىلىمىڭلارغا يارىشا ھايات كەچۈرگەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ فِي اخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَّقُونَ
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھتىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە ئاللاھتىن قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان نەرسىلەردە تەقۋادارلىق قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ۋە ئۇزىرىش - قىسقىرىش بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتتا ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىگە ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دەلىللەر بار. ئۇ دەلىللەرنى پەقەت ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىدىغان كىشىلەرلا تونۇپ يېتەلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا وَرَضُوا بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَاطْمَأَنُّوا بِهَا وَالَّذِينَ هُمْ عَنْ آيَاتِنَا غَافِلُونَ
شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار بارغۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغان ۋە دۇنيا ھاياتىغا رازى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلى ئارام تاپقان كىشىلەر بىلەن ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغان كىشىلەرگە كەلسەك، — ئەنەس ئالىم
(7-8) يۇقىرىدا (4 - ئايەتتە) زىكىر قىلىنغان كافىرلار - بىزنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرپ، ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقىمىزنى ئويلىمايدىغان، دۇنيا ھاياتىغا بېرىلىپ كەتكەن ۋە ئايەتلىرىمىزگە پەرۋا قىلمىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قىيامەت كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان جايى دوزاختۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ مَأْوَاهُمُ النَّارُ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دوزاخ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاختۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ يَهْدِيهِمْ رَبُّهُمْ بِإِيمَانِهِمْ ۖ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ-نېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى رەببى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋەبىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇنېمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، رەببى ئۇلارنى ئىمانلىرى سەۋەبىدىن ھىدايەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، يۇقىرىدا (4 - ئايەتتە) زىكىر قىلىنغان، ياخشىلارغا ئىلاھىي ئادالەت بىلەن بېرىلىدىغان مۇكاپات جەننەت بولۇپ، ئۇلار ئۇ جەننەتتە ماددىي ۋە مەنىۋى بارلىق نېمەتلەرگە، شۇنداقلا مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
دَعْوَاهُمْ فِيهَا سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمْ فِيهَا سَلَامٌ ۚ وَآخِرُ دَعْوَاهُمْ أَنِ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر ـ بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ جەننەتتە بىر ـ بىرىگە بېرىدىغان سالامى: «ئامان بولغايسەن» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتلەردىكى دۇئا ۋە تىلەكلىرى: «ئى ئاللاھ! سەن نېمىدېگەن ئۇلۇغ!»، سالام ۋە تەبرىكلىرى: «سالام»[2]، دۇئا ۋە تىلەكلىرىنىڭ ئاخىرى: «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن»دۇر[3]. — ئەنەس ئالىم
جەننەت ئەھلى جەننەتتە قانداق ئارزۇ ۋە تەلەپتە بولماقچى بولسا ئالدى بىلەن «سۇبھانەكەللاھۇممە - ئى ئاللاھ! سەن نېمىدېگەن ئۇلۇغ!» دەيدۇ، جەننەت ئەھلىگە ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەر سالام قىلىپ ئۇلارنى تەبرىكلەيدۇ ھەمدە جەننەت ئەھلى بىر - بىرىنى «سالام» دېيىشىپ تەبرىكلەيدۇ. ئۇلار ئاخىرىدا «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن - ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 10 - ئايەتلەردە ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن مەككە مۇشرىكلىرىغا تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى) ۋە ئاخىرەت ھاياتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى بۇ ھەقىقەتلەرگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، بۇيرۇققا بويسۇنغانلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇيرۇققا بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 11 ~ 14 - ئايەتلەردە بولسا، ئەنە شۇ ئىلاھىي بۇيرۇققا بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنىڭ نادانلىق، ھاماقەتلىك، ناچار خۇي - مىجەزلىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ شۈكۈر قىلىشى لازىملىقىنى، ئەكسى تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ يُعَجِّلُ اللَّهُ لِلنَّاسِ الشَّرَّ اسْتِعْجَالَهُمْ بِالْخَيْرِ لَقُضِيَ إِلَيْهِمْ أَجَلُهُمْ ۖ فَنَذَرُ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارغا ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى. بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز[ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارغا يامانلىقنى، ئۇلار ياخشىلىقنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغاندەك تېز كەلتۈرسە ئىدى، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەجەللىرى توشقان بولاتتى. لېكىن بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى بىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر ئاللاھ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئۇ ئىنسانلارغا، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن تەلەپ قىلغان يامانلىقنى، ئۇلار ياخشىلىق تەلەپ قىلغان تېزلىكتە بەرسە ئىدى، ئۇلار ئەلۋەتتە ھالاك قىلىنغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلار كۇفرىلىق قىلىپ تۇرسىمۇ مۆھلەت بېرىدۇ. ئۇلار بولسا بۇ مۆھلەتنى غەنىيمەت بىلىپ تەۋبە قىلىشنىڭ ئورنىغا ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلەيدۇ. دەرۋەقە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ، دەۋەتنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئازابقا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ئۇلار ئۇ ئازابنىڭ دەرھال كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە ئىجابەت قىلمايدىغانلىقىنى، ناۋادا ئىجابەت قىلغان تەقدىردە ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ الضُّرُّ دَعَانَا لِجَنْبِهِ أَوْ قَاعِدًا أَوْ قَائِمًا فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُ ضُرَّهُ مَرَّ كَأَنْ لَمْ يَدْعُنَا إِلَىٰ ضُرٍّ مَسَّهُ ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْمُسْرِفِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتقان، ئولتۇرغان ۋە تۇرغان ھالەتتە بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانغا زىيان يەتسە، ياتقان ياكى ئولتۇرغان ۋە ياكى ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە بىزگە دۇئا قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن زىيىنىنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇ خۇددى قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ بىزگە ھېچ دۇئا قىلمىغاندەك ئىش قىلىدۇ. بۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى كىشىلەرگە ئۆز قىلمشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئۇ ئىنسانلار شۇنداق بىئارام ئادەملەركى، بىرەر زىيان - زەخمەتكە يولۇقسا، ياتقان، ئولتۇرغان ۋە تۇرغان بارلىق ھالەتلىرىدە ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرىدۇ ۋە نىجاتلىق تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇسىبىتىنى كۆتۈرۈۋەتسە بېشىغا مۇسىبەت يەتكەنلىكىنى، ئاللاھقا دۇئا قىلغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇ مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىنى تامامەن ئۇنتۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈيدۇ. ھەددىدىن ئاشقان بۇ كىشىلەرگە قىلمىشلىرى مانا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا الْقُرُونَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَمَّا ظَلَمُوا ۙ وَجَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ وَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا (يەنى كاپىر بولغاندا، گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئاشقاندا)، ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە) ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ
سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلسە زۇلۇم قىلغان ۋە ئىمان كەلتۈرمىگەن. بىز گۇناھكار قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم
ئى ھەددىدىن ئاشقۇچىلار! ئى ئازغۇنلار! بىز (ئاللاھ) سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنى، پەيغەمبەرلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەندە كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئېلىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، بىز گۇناھقا چۆمگەن قەۋمنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ جَعَلْنَاكُمْ خَلَائِفَ فِي الْأَرْضِ مِنْ بَعْدِهِمْ لِنَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى (يەنى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى) (ھالاك قىلغان) دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلاردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى ئورۇنباسار قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن كېيىن قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قاراش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ يەر يۈزىدە ھاكىم قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى ئۇممەتى مۇھەممەد! ئاندىن بىز قىلمىشىڭلارنى سىناش ئۈچۈن سىلەرنى ھالاك قىلىنغان ئۇممەتلەرنىڭ ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ يەر يۈزىدە ھاكىم قىلدۇق. ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلىرىمىزگە قارشى چىقىپ ھالاك قىلىنغان ئۇممەتلەرنىڭ يۇرت - ماكانلىرىنى كۆرۈپ ۋە قىسسەلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلارنىڭ كەلگۈسى ھاياتىڭلار ئۈچۈن نىجاتلىق يولىنى تاللامسىلەر ياكى ھالاكەت يولىنىمۇ؟ بۇنىڭغا قارايمىز، شۇنداقلا قايسى يولنى تاللىساڭلار مەنزىلىڭلارغا يەتكۈزىمىز. ئەسكەرتىش: ئىنساننىڭ ھەممىسى بىئارام ۋە تۇراقسىز ئەمەس، ئەكسىچە پاراۋانلىقتىمۇ قىيىنچىلىقتىمۇ ھېچ تېڭىرقىماستىن ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان، توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭىدىغان مۇئمىن ئىنسانلارمۇ بار. ئۇلار نېمەتكە ئېرىشسە شۈكۈر قىلىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇقسا سەۋر قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر ئىككى ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھقا بولغان ئىشەنچى، ھەمدۇساناسى ۋە ئىبادىتى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردە (12 - ئايەتتە) ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان بىئارام ۋە تۇراقسىز ئىنسان ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان يامان ئىنساننى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ ۙ قَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا ائْتِ بِقُرْآنٍ غَيْرِ هَٰذَا أَوْ بَدِّلْهُ ۚ قُلْ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أُبَدِّلَهُ مِنْ تِلْقَاءِ نَفْسِي ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۖ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز روشەن تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار): «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت، ئىلاھلىرىمىزنى سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيەلە، ھارامنى ھالال قىل)» دەيدۇ. «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز روشەن ھالدا تىلاۋەت قىلىنسا، بىز بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن رەببىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى بۇنى ئالماشتۇرغىن» دېدى. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇنى مەن ئۆز خاھىشىمچە ئالماشتۇرالمايمەن. مەن ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. چۈنكى مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن». — ئەنەس ئالىم
ئۇ كىشىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلسا ۋە ئۇلار ئۇ ئايەتلەرگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلسا، قىيامەت كۈنى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىرىلىپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىغان ئۇ كافىرلار: «ئى مۇھەممەد! بىزگە (ئىلاھلىرىمىزنى كەمسىتمەيدىغان ۋە بىزنىڭ يولىمىزنى ئەيىبلىمەيدىغان) باشقا بىر قۇرئان ئېلىپ كەلگىن ياكى بۇ قۇرئاننىڭ بىزنى ۋە ئىلاھلىرىمىزنى سۆكىدىغان جۈملىلىرىنى، بىزنى ۋە ئىلاھلىرىمىزنى سۆكمەيدىغان جۈملىلەرگە ئۆزگەرتكىن» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «مېنىڭ ئۆز خاھىشىم بىلەن قۇرئاننىڭ بىرەر يېرىنى ئۆزگەرتىشكە ھەددىم ئەمەس. مەن پەقەت ماڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە بويسۇنىمەن. شۈبھىسىزكى، مەن - رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام - بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا تَلَوْتُهُ عَلَيْكُمْ وَلَا أَدْرَاكُمْ بِهِ ۖ فَقَدْ لَبِثْتُ فِيكُمْ عُمُرًا مِنْ قَبْلِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
«ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، ئاللاھمۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
«ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلسا ئىدى، سىلەرگە قۇرئاننى تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، ئاللاھ مۇ ئۇنى سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن[ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، مەن قۇرئاننى سىلەرگە تىلاۋەت قىلمىغان بولاتتىم، ئاللاھمۇ ئۇنى سىلەرگە بىلدۈرمىگەن بولاتتى. شۈبھىسىزكى، مەن قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئاراڭلاردا يىللارچە تۇردۇم، يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟!». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىسا ئىدى، ماڭا قۇرئاننى نازىل قىلمىغان بولاتتى، مەنمۇ سىلەرگە قۇرئاننى يەتكۈزمىگەن، ئوقۇمىغان ۋە سىلەرنى قۇرئانغا دەۋەت قىلمىغان بولاتتىم. لېكىن ئاللاھ خالىغانلىقى ئۈچۈن قۇرئاننى ماڭا نازىل قىلدى، مېنى قۇرئان بىلەن سىلەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى ۋە قۇرئاننى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرگە قۇرئاننى يەتكۈزدۈم، ئوقۇدۇم ۋە سىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلدىم. ئاللاھ مېنى تاللاپ ئەلچىسى قىلىشتىن ئىلگىرى مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇزۇن زامان تۇردۇم، ئۇ چاغلاردا پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلمىدىم، سىلەرگە ئايەت ئوقۇمىدىم. سىلەر بۇنىڭغا گۇۋاھ، شۇنداق ئەمەسمۇ! ھازىر پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلدىم ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇدۇم، چۈنكى بۇنىڭغا ئاللاھ مېنى ئەمر قىلدى. ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ، مېنىڭ ئۆتمۈشۈم بىلەن ھازىرقى ئەھۋالىمنى سېلىشتۇرۇپ باقساڭلار بولمامدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْمُجْرِمُونَ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنىمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۆزى يالغاننى ئويدۇرۇپ ئاندىن ئۇنى ئاللاھقا چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ مانا بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشى گۇناھقا چۆمگەن كىشىلەر بولۇپ ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئەگەر مەن: ‹ماڭا ۋەھىي كەلدى، مەن پەيغەمبەر› دەپ ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولسام، مەن ئەڭ زالىم كىشى بولۇپ مۇرادىمغا يېتەلمەيمەن. ناۋادا مەن راستىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، سىلەرگە يەتكۈزگەنلىرىم ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بولسا، بۇ تەقدىردە سىلەر بۇ ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەڭ زالىم ئادەملەر بولىسىلەر، شۇنداقلا تەۋبە قىلمىساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِنْدَ اللَّهِ ۚ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ. ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلاردۇر» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: «بۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىزدۇر!» دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟» ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىۋاتقان ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: «بۇلار ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بولمىغان نەرسىنى بار دەپ ئاللاھقا خەۋەر قىلامسىلەر؟!». ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كَانَ النَّاسُ إِلَّا أُمَّةً وَاحِدَةً فَاخْتَلَفُوا ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ فِيمَا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ھەق دىن) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى (يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى) — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلار ئەسلىدە بىرلا ئۇممەت ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلار ئەسلىدە پەقەت بىرلا ئۇممەت ئىدى، كېيىن ئىختىلاپ قىلىشتى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم
ئىنسانلار ئەسلىدە توغرا يول ئۈستىدە بىر ئۇممەت ئىدى. زامان ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شېرىك پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرقلىق يوللارغا كىردى: بەزىلىرى تەۋھىد ئۈستىدە قالدى، بەزىلىرى شېرىك كەلتۈردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ، ئىنسانلار دۇنيادا قىلغان يامانلىقلار توغرىسىدا قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىش، زالىملارغا مۆھلەت بېرىش ۋە گۇناھكارلارغا ئاساسلىق جازاسسىنى قىيامەت كۈنى بېرىش ھەققىدە ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇشۇ دۇنيادا ھۆكۈم چىقارغان، شۇنداقلا ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَقُولُونَ لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۖ فَقُلْ إِنَّمَا الْغَيْبُ لِلَّهِ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە): «نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاس (مۆجىزىلەرنى ئاللاھ كەلتۈرىدۇ، مەن پەقەت تەبلىغ قىلغۇچىمەن)، سىلەر (ئاللاھنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقىرىشىنى) كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن (شۇنى) كۈتكۈچىلەردىنمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەركۈتۈڭلار، شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن كۈتكۈچىلەردىنمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببى تەرىپىدىن بىرەر ئايەت چۈشۈرۈلمىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «غەيب پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەردىنمەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا نېمىشقا ئاللاھ تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مۆجىزە چۈشۈرۈلۈشى غەيبىي ئىش بولۇپ، ئۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ماڭا قۇرئان بېرىلدى، ئەگەر سىلەر قۇرئانغا قايىل بولۇپ، مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار ئاللاھنىڭ ئارىمىزدا چىقىرىدىغان ھۆكمىنى كۈتۈڭلار، مەنمۇ كۈتىمەن». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى مۆجىزە سۈپىتىدە نازىل قىلغان، لېكىن مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا مۆجىزە كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى سىققان ۋە ئىچىنى پۇشۇرغان. ئاللاھ تائالا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن (بۇ يەردە 20 - ئايەتتە بولغاندەك) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر تەلىپىگە جاۋاب ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت ياكى ئايەتلەر نازىل قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا أَذَقْنَا النَّاسَ رَحْمَةً مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُمْ إِذَا لَهُمْ مَكْرٌ فِي آيَاتِنَا ۚ قُلِ اللَّهُ أَسْرَعُ مَكْرًا ۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكْتُبُونَ مَا تَمْكُرُونَ
كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە (يەنى ئىنكار قىلىشقا) ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر بىز ئىنسانلارغا، باشلىرىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن بىرەر رەھمەت تېتىتساق، ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە دەرھال ھىيلە - مىكىر قىلىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھىيلە - مىكىرگە بەك تېز جازا بەرگۈچىدۇر». ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەندىن قۇرئاندىن باشقا بىرەر مۆجىزە تەلەپ قىلغان ئۇ يامان ئىنسانلار باشلىرىغا بىرەر قىيىنچىلىق يېتىپ، بىز (ئاللاھ)دىن ئۇ قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تەلەپ قىلسا، بىز ئۇلاردىن ئۇ قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىپ ئۇلارغا بىرەر ئاسانچىلىق تېتىتساق، ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى بىردىنلا ئىنكار قىلىدۇ ۋە مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ بۇ قىلمىشىڭلارغا تېز جازا بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى (يېزىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر) قىلىمىشىڭلارنى يېزىپ تۇرماقتىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنْتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِمْ بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنْجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا گۇمان قىلىپ:«ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر كېمىلەردە بولغان، كېمىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى يولۇچىلارنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە يولۇچىلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىۋاتقان ئەسنادا، كېمىلەرگە بىردىنلا بوران كېلىدۇ، يولۇچىلارغا ھەر تەرەپتىن دولقۇنلار كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورشىۋېلىنغانلىقىنى[4] ئويلايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق پەيتتە: «ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ئۇلاغلار (قاتناش ۋاسىتىلىرى)نىڭ ئۈستىدە، دېڭزدا كېمىلەرنىڭ ئۈستىدە سەير قىلدۇرىدۇ. سىلەر كىمىنىڭ ئىچىدە بولغان، كېمە مەيىن شامال بىلەن سىلىق مېڭىۋاتقان ۋە سىلەر بۇ ئەھۋالغا سۆيۈنۈۋاتقان چېغىڭلاردا، قاتتىق بىر شامال كېلىدۇ - دە، سىلەرگە ھەر تەرەپتىن دولقۇنلار ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە سىلەر تۈگەشكىنىڭلارغا ئىىشنىسىلەر. ئەنە شۇ چاغدا سىلەر ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، باتىل مەبۇدلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ كېتىسىلەر ۋە ئاللاھقا مۇنداق دەپ ۋەدە بېرىسىلەر: «ئى ئاللاھ! ئەگەر بىزنى بېشىمىزغا كەلگەن بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويساڭ، بىز چوقۇم ساڭا شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولىمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا أَنْجَاهُمْ إِذَا هُمْ يَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا بَغْيُكُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ ۖ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُكُمْ فَنُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئاللاھ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ ئۆتكۈنچى نېمەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قويسا، ئۇلار دەرھال زېمىندا ناھەقچىلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! قىلغان بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ زىيىنى ئۆزۈڭلارغىلا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرىسىلەر. ئاخىرىدا قايتىپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىسىلەر. ئاندىن بىز سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم
لېكىن ئاللاھ سىلەرنى ئۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويسا، سىلەر دەرھال ناھەقچىلىق قىلىپ زۇلۇم قىلىسىلەر. ئى ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، سىلەر زۇلۇمنى ئۆزۈڭلارغا قىلىسىلەر! سىلەر زۇلۇم قىلىش بىلەن دۇنيانىڭ قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئېرىشىسىلەر، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىسىلەر ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىسىلەر!. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە زالىملارنىڭ زۇلۇم قىلىش بىلەن دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندىكى (24 - 25 -) ئايەتلەردە بولسا، دۇنيا ھاياتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بايان قىلىدۇ، ئاخىرەت ھاياتىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا مَثَلُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ النَّاسُ وَالْأَنْعَامُ حَتَّىٰ إِذَا أَخَذَتِ الْأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَازَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَا أَنَّهُمْ قَادِرُونَ عَلَيْهَا أَتَاهَا أَمْرُنَا لَيْلًا أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَاهَا حَصِيدًا كَأَنْ لَمْ تَغْنَ بِالْأَمْسِ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇشىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى، بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇر سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى ئۈنۈپ چىقىپ بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، زىرائەتلەرنى تۈنۈگۈن-ئىلگىرى- يوقتەك، پۈتۈنلەي ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
دۇنيا ھاياتىنىڭ مىسالى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر يەيدىغان ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرى زېمىن ياسىنىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەن ۋە ئىگىلىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يىغىشقا ئۆزلىرىنىڭ قادىر ئىكەنلىكىنى ئويلاۋاتقان ئەسنادا، بۇيرۇقىمىز ئۇنىڭغا كېچىدە ياكى كۈندۈزدە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ يەرنى زىرائەتلىرى ئورۇلغان ئاق يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتمىز. خۇددى ئۇ گۈزەل مەنزىرە بىر كۈن ئاۋۋال ئۇ يەردە يوقتىكىدەك بولۇپ كېتىدۇ. بىز تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم
دۇنيا ھاياتى ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق گۈزەللىكى ۋە مەپتۇن قىلارلىق مەنپەئەتلىرى بىلەن يامغۇرغا ئوخشايدۇكى، ئۇ يامغۇر بىلەن ئىنسانلار ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار يەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ ۋە ئۆسۈپ بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، تاكى ئۆسۈملۈكلەر يوغىناپ يېتىلگەن، زېمىن ئۇلار بىلەن گۈزەل تۈسكە كىرىپ چىرايلىق زىننەتلەنگەن، شۇنداقلا ئۇ زېمىننىڭ ئەھلى ئۆزىنىڭ ئۇ مەھسۇلاتلارنى يىغىشقا ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىۋاتقان ئەسنادا، ئۇ يەرگە بىزنىڭ ئەمرىمىز كېچىسى ياكى كۈندۈزى كېلىدۇ - دە، بىز ئۇ يەرنى زىرائەتلىرى ئورۇلغان ئاق يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۈزەل مەنزىرە ئىلگىرى ئۇ يەردە ھېچ يوقتىكىدەك بولۇپ كېتىدۇ. بىز تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَىٰ دَارِ السَّلَامِ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
ئاللاھ (كىشىلەرنى) ئامان جايغا (يەنى جەننەتكە) چاقىرىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ كىشىلەرنى ئامان جاي - يەنى جەننەت-كە دەۋەت قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ دارۇسسالامغا[5] چاقىرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! دۇنيا ھاياتى ئەنە شۇنداق ۋاقىتلىق گۈزەللىك ۋە ئۆتكۈنچى دەۋردىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ۋاقىتلىق زىبۇزىننەتلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىگە بېرىلىپ كەتمەڭلار، ئەكسىچە ئۇنى ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش پۇرسىتى دەپ چۈشىنىڭلار ۋە غەنىيمەت بىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەبەدىي خاتىرجەملىك ۋە مەڭگۈ بەخت - سائادەت يۇرتى بولغان جەننەتكە چاقىرىدۇ. بۇ ئىلاھىي چاقىرىققا شېرىك ۋە باشقا گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى تەرك ئېتىش، شۇنداقلا تائەت - ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاۋاز قوشۇڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئەنە شۇ يۇرتقا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ سىلەرنى خالىشى ئۈچۈن نىيىتىڭلار خالىس، ئېتىقادىڭلار توغرا ۋە ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسۇن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا الْحُسْنَىٰ وَزِيَادَةٌ ۖ وَلَا يَرْهَقُ وُجُوهَهُمْ قَتَرٌ وَلَا ذِلَّةٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم ـ قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياخشى ئىش قىلغانلارغا ئەڭ ياخشىسى ۋە زىيادىسى بار. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ جەننەتكە قىلغان دەۋىتىنى ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ ۋە ئارتۇق ئىنئاملار ئاتا قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئىچ پۇشۇقى ۋە غەم -قايغۇنىڭ ئالامىتى بولغان قارىلىق ۋە خارلىق باسمايدۇ، ئەكسىچە خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ئالامىتى بولغان چاقناش ۋە نۇر قاپلايدۇ. ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلى بولۇپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
#نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
يامان ئىشلارنى قىلغانلار بولسا، پەقەت قىلغان يامانلىقىنىڭلا جازاسىنى تارتىدۇ. ئۇلارنى خارلىق قاپلايدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ جەننەتكە قىلغان دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان، ئەكسىچە كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىنى داۋاملاشتۇرغان كىشىلەر يامان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بىلەن جازالاندۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئىچ پۇشۇقى ۋە غەم - قايغۇ سەۋەبىدىن قارىلىق بىلەن خارلىق باسىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى خۇددى قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرى بىلەن يۆگەلگەندەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا مَكَانَكُمْ أَنْتُمْ وَشُرَكَاؤُكُمْ ۚ فَزَيَّلْنَا بَيْنَهُمْ ۖ وَقَالَ شُرَكَاؤُهُمْ مَا كُنْتُمْ إِيَّانَا تَعْبُدُونَ
شۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە (مۆمىنلەرنى، كاپىرلارنى) ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلار بىلەن بىللە، ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار (بەلكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئىبادەت قىلغان ئىدىڭلار) — مۇھەممەد سالىھ
شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر ۋە شېرىكلىرىڭلار ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار! سىلەرمۇ، بىزگە شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارمۇ مىدىرلىماي تۇرۇڭلار!» دەيمىز. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىمىز. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىزگە شېرىك قىلغان مەبۇدلىرى، مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر بىزگە چوقۇنمىغان ئىدىڭلار، — ئەنەس ئالىم
(28-29) ئى مۇھەممەد! سەن ئىنسانلارغا قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىنى زىكىر قىلغىن: بىز ئۇ كۈنى بارلىق ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ مەھشەرگاھقا يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا، «سىلەر ۋە مەبۇدلىرىڭلار بىزنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان ئىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان يېرىڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز. شۇنىڭ بىلەن مەبۇدلىرى مۇشرىكلارغا: «سىلەر بىزگە چوقۇنمىغان ئىدىڭلار، ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچىدۇر، بىز سىلەرنىڭ چوقۇنۇشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئىدۇق» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ إِنْ كُنَّا عَنْ عِبَادَتِكُمْ لَغَافِلِينَ
سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق» — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر بىلەن ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇركى، بىز سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنىشىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرسىز ئىدۇق». — ئەنەس ئالىم
-
هُنَالِكَ تَبْلُو كُلُّ نَفْسٍ مَا أَسْلَفَتْ ۚ وَرُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ ۖ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ (يەنى ياخشىمۇ ـ يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ)، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ «شاپائەت قىلىدۇ» دەپ دەۋا قىلغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مانا شۇ يەردە ھەركىم بۇرۇن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدۇ. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ مەيداندا ھەر كىشى ئۆزىنىڭ دۇنيادا قىلغان بارلىق ياخشى - يامان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ. مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ ۋە مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا 28 ~ 30 - ئايەتلەردە مۇشرىكلار قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھتا دۇچار بولىدىغان يامان ئاقىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. 31 ~ 36 - ئايەتلەردە بولسا، مۇشرىكلارغا تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى ئەسلىتىپ، خاتا يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۚ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ ۚ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەرنى ئۆلۈك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا- ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندىن -گىياھ ئۈندۈرۈپ- كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىكنى ئۆلۈك نەرسىلەردىن كىم چىقىرىدۇ؟ ئۆلۈكنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ بۇ ئىشلارنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار - جاۋابەن -: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭدىن قورقمامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟». ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا تەقۋادار بولمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئاسماندىن سۇ (يامغۇر، قار، مۆلدۈر) ۋە باشقا ئېنېرگىيەلەرنى ئەۋەتىش بىلەن، زېمىندىن ئاشلىق، كۆكتات، مېۋىلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە تۈرلۈك نېمەتلەرنى سۇنۇش بىلەن سىلەرگە رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى سىلەرگە بەرگەن ۋە ئۇلارنى ئىشلەيدىغان ھالەتتە تۇتۇۋاتقان كىمدۇر؟ تۇخۇمدىن چۈجە، قۇشتىن تۇخۇم، ئۇرۇقچىدىن دەرەخ، دەرەختىن ئۇرۇقچا چىقارغاندەك ئۆلۈكتىن تىرىكنى، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ كائىناتتا جەريان قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلارنى پىلانلاپ ئىجرا قىلىۋاتقان كىمدۇر؟». ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەنە شۇ سوئاللارنى سورىساڭ، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئۇنداقتا ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغان ئاللاھقا بويسۇنۇشىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇشۇڭلار ۋە ئەيمىنىشىڭلار كېرەك بولمامدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ ۖ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
(يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھدۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي يول مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقىقەتتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟ سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟!». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! سىلەر ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلار بولۇپ، ئىبادەتنى پەقەت ئۇنىڭغىلا قىلىشىڭلار لازىم، ئەكسى تەقدىردە ئېزىپ كەتكەن بولىسىلەر ، چۈنكى ھىدايەتتىن كېيىن زالالەت بار، شۇڭلاشقا تەۋھىدتىن ھالقىغان كىشى شېرىك دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان تۇرۇقلۇق، ئىبادەتتە ئاللاھقا قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرىدىغانسىلەر؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى الَّذِينَ فَسَقُوا أَنَّهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى؛ ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ فاسىق بولغانلار ھەققىدىكى: «ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ» دېگەن سۆزى ئەنە شۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
يۇقىرىدا دەلىللەر بىلەن ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىشنىڭ لازىملىقى ئىسپاتلانغاندەك، ئاللاھنىڭ ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلەۋاتقان كىشىلەر ھەققىدە «ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ» دەپ ئېيتقان سۆزىمۇ ئەنە شۇنداق ئىسپاتلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھىدايەتكە ئىنتىلمىگەن كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ قُلِ اللَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ شىرىكلىرىڭلار ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ، ئاندىن ئۇنى قايتىدىن يارىتالايدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ، ئاندىن ئۇنى قايتىدىن يارىتالايدۇ. شۇنداق تۇرسا نېمىشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە، دەسلەپتە يوقتىن يارىتالايدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان كىشى بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتالايدۇ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە يوقتىن يارىتالايدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان كىشى بارمۇ؟». مۇشرىكلار بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بۇ ئىككى ئىشنى پەقەت ئاللاھلا قىلىدۇ: ئاللاھ خالىغان نەرسىنى يوقتىن يارىتىدۇ، ياراتقىنىنىڭ مۇددىتى توشۇپ يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى خالىغان چېغىدا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقا ئاجىز نەرسىلەرنى قانداقمۇ ئىبادەتتە شېرىك قىلىدىغانسىلەر؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ هَلْ مِنْ شُرَكَائِكُمْ مَنْ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ ۚ قُلِ اللَّهُ يَهْدِي لِلْحَقِّ ۗ أَفَمَنْ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ أَحَقُّ أَنْ يُتَّبَعَ أَمَّنْ لَا يَهِدِّي إِلَّا أَنْ يُهْدَىٰ ۖ فَمَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
ئېيتقىنكى، « شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدۇ، ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان (نەرسىلەرگە) بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ شىرىكلىرىڭلار ئارىسىدا گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلەيدۇ، گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ ياكى ھەق يولغا يېتەكلىيەلمىگەندىن سىرت، ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان كىشىگە بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە، ھەق يولغا ئېرىشتۈرەلەيدىغان كىشى بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ھەق يولغا پەقەتلا ئاللاھ ئېرىشتۈرىدۇ. ھەق يولغا ئېرىشتۈرىدىغان زاتقا بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ ياكى توغرا يولغا كەلتۈرۈلمىگۈچە ئۆزى توغرا يولنى تاپالمايدىغان كىشىلەرگە بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدىكىن، قانداقمۇ بۇنداق ھۆكۈم قىلىدىغانسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە توغرا يولنى بىلىدىغان ۋە باشقىلارنى ئۇ يولغا باشلىيالايدىغان كىشى بارمۇ؟». ئۇلار بۇ سوئالغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ھەر مەخلۇقاتىنى توغرا يولغا باشلىغان ئاللاھ چوقۇنۇشقا لايىقمۇ؟ ياكى بىراۋنى توغرا يولغا باشلاش تۈگۈل، ئۆزى توغرا يولنى تاپالمايدىغان كىشى چوقۇنۇشقا لايىقمۇ؟ ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇنداق ئاجىز كىشىلەرنى قانداقمۇ ئاللاھقا شېرىك قىلىسىلەر؟ بۇ غەلىتە ئەھۋالىڭلارنىڭ سەۋەبى نېمە؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا ۚ إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ تولىسى گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، گۇمان ھەقتىن ھېچ نەرسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ تولىسى ئۆز ئېتىقاد ۋە قىلمىشلىرىدا پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. گۇمان بولسا، ئىلىمدىن ھېچ نەرسىنىڭ ئورنىدا تۇرمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىدۇ. ئەسكەرتىش: مۇشرىكلارنىڭ كۆپ قىسمى «بۇ مەبۇدلىرىمىز بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن گۇمان بىلەن شېرىك كەلتۈرىدۇ، ئاز قىسمى ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۇلاردىن كېلىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلەردىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن شېرىك كەلتۈرىدۇ. ئىشقىلىپ قانداق نىيەتتە شېرىك كەلتۈرسە كەلتۈرسۇن ئاللاھ مۇشرىكنى (مۇشۇ دۇنيادا ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە) ھەرگىزمۇ ئەپۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىشىدىن، ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەجەبلەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن 36 - ئايەتكىچە ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىنىڭ كىتابى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە مۇشرىكلارنىڭ يولىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىمگە بويسۇنغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىمگە بويسۇنمىغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەنلەرنى تونۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ جازاسىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىدۇ، گۇناھكار ئۇممەتلەرنى جازالاشتىكى قانۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 37 ~ 44 - ئايەتلەردە بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن مۇشرىكلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دەۋالىرىنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ، ئۇلارغا بىرەر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ توغرىدا جەڭ ئېلان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كَانَ هَٰذَا الْقُرْآنُ أَنْ يُفْتَرَىٰ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ الْكِتَابِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ئەقىلغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ). قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ قۇرئاننى بىراۋنىڭ ئاللاھقا ئىپتىرا قىلىشى ئەقلىغە سىغمايدۇ، لېكىن قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى تەپسىيلى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنماي باشقىسى تەرىپىدىن ئويدۇرۇلۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر ۋە ئۇلاردا يېزىلغان ھەقىقەتلەرنى بايان قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر. ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم
بۇ قۇرئاننىڭ جىن ۋە ئىنسالاردىن بىرەر كىشى تەرىپىدىن ئويدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بۇ قۇرئان ھەر جەھەتتىن مۆجىزە كىتاب بولۇپ، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئۇنى تۈزۈشكە كۈچى يەتمەيدۇ، ھەتتا بارلىق جىن ۋە ئىنسانلار بىرلىشىپ ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ قۇرئان ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ئىلاھىي كىتابلاردىكى ھەقىقەتلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋە ئۇلارنى تەپسىلىي بايان قىلىدىغان ئىلاھىي كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا شەك يوقتۇر، بۇنى قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشەنگەن كىشى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِثْلِهِ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئەگەر بۇ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن باشقا ياردەمگە چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇرۇپ چىقتى» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ ئوخشىشىدىن بىرەر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار ۋە ئاللاھتىن باشقا كىمنى چاقىرالىساڭلار ھەممىسىنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، ئەگەر راستچىل بولساڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇردى» دەمدۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئەگەر بۇ قۇرئان ئىنسان سۆزى بولىدىغان بولسا، سىلەرمۇ ئىنسان بولغاندىكىن قۇرئانغا ئوخشاش قىلىپ بىرەر سۈرە مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! ئاللاھتىن باشقا كۈچۈڭلار يەتكەنلىكى كىشىنى ياردەمگە چارقىرىڭلار! ئەگەر ‹قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇردى› دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار بۇنى قىلىڭلار!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلْ كَذَّبُوا بِمَا لَمْ يُحِيطُوا بِعِلْمِهِ وَلَمَّا يَأْتِهِمْ تَأْوِيلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ياق، ئۇلار ئىلمىنى ئۆزلىرى تولۇق بىلمىگەن ۋە تەئۋىلى ئۆزلىرىگە تېخى كەلمىگەن قۇرئاننى يالغان دېدى[6]. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى ئەنە شۇنداق يالغان دېگەن ئىدى. قارىغىنا، زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەسلىدە ئۇ مۇشرىكلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشەنمەستىن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈم ۋە ھېكمەتلەرنى بىلمەستىن، ئۇنىڭ ئىلىم ۋە تەپسىرىنى ئېنىق ئۇقماستىن ئىنكار قىلدى. بۇلاردىن ئىلگىرى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېگەن ۋە نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئىنكار قىلغان ئۇممەتلەرمۇ ئەنە شۇنداق بىلمەي تۇرۇپ ئىنكار قىلغان، چۈشەنمەي تۇرۇپ رەت قىلغان، تەپەككۇر قىلماي تۇرۇپ يالغان دېگەن. قارىغىنا، ئۇ زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ رەسۋالىق، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ھالاكەت بولدى. بۇ ئاللاھنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ يُؤْمِنُ بِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ لَا يُؤْمِنُ بِهِ ۚ وَرَبُّكَ أَعْلَمُ بِالْمُفْسِدِينَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بار، پەرۋەردىگارىڭ بۇزغۇنچىلارنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بار، رەببىڭ بۇزغۇنچىلارنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرمۇ بار، ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرمۇ بار. رەببىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە يېقىندا قۇرئاننى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشەنمەيدىغان، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئازغۇنلۇقىدا ئەزۋەيلەيدىغان كىشىلەرمۇ بار. ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ لِي عَمَلِي وَلَكُمْ عَمَلُكُمْ ۖ أَنْتُمْ بَرِيئُونَ مِمَّا أَعْمَلُ وَأَنَا بَرِيءٌ مِمَّا تَعْمَلُونَ
ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا: «مېنىڭ قىلغان ئەمەلىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، مېنىڭ قىلغان ئەمەلىمدىن سىلەر ئادا ـ جۇداسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن مەنمۇ ئادا ـ جۇدامەن (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ قىلغان گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس)» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا: «مېنىڭ ئەمەلىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، مېنىڭ ئەمەلىمدىن سىلەر ئادا ـ جۇداسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن مەنمۇ ئادا ـ جۇدامەن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە ئېيتقىنكى: «مېنىڭ ئەمىلىم ماڭا، سىلەرنىڭ ئەمىلىڭلار ئۆزۈڭلارغا. سىلەر مېنىڭ ئەمىلىمدىن ئادا - جۇداسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەمىلىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە شۇنچە دەلىللەر دالالەت قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۇ مۇشرىكلار يەنىلا سېنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئۆز قىلمىشىمنىڭ ھېسابىنى بېرىمەن، سىلەرمۇ ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىسىلەر. مەن دەۋىتىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، سىلەرمۇ ئىنكارىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. سىلەر مېنىڭ قىلىمىشىم توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُونَ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ وَلَوْ كَانُوا لَا يَعْقِلُونَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان تۇرسا — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا ئۇلار ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. سەن گاسلارغا ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىۋاتقان چاغدا ئۇ مۇشرىكلاردىن ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار گاستۇر. سەن ئۇ گاسلارغا ھەقىقەتنى ئاڭلىتىپ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىيالمايسەن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ گاسلىقىغا ئەقلىنى ئىشلەتمەسلىك قوشۇلسا ھەرگىزمۇ ئاڭلىتالمايسەن، توغرا يولغا باشلىيالمايسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْظُرُ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنْتَ تَهْدِي الْعُمْيَ وَلَوْ كَانُوا لَا يُبْصِرُونَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كوردۇر). سەن كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ ئۇلار (ھەقىقەتنى) كۆرمەيدىغان تۇرسا — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار. ئۇلار ھەقىقەتنى كۆرەلمىسىمۇ كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا قارايدىغانلارمۇ بار. سەن كورلارغا ئەقىل كۆزلىرى كۆرمىسىمۇ توغرا يولنى كۆرسىتەلەمسەن؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغان ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە تەپەككۇر قىلىپ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ روشەن دەلىللىرىنى كۆرىدىغان، لېكىن پەيغەمبەرلىكىڭنى قوبۇل قىلمايدىغانلار بار. ئەنە شۇلار كوردۇر. سەن ئۇ كورلارغا يول كۆرسىتەلمەيسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ النَّاسَ شَيْئًا وَلَٰكِنَّ النَّاسَ أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ، ھېچكىمگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلار كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقنى تاللاپ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 42 - ۋە 43 - ئايەتلەردە قۇلاق سالغان تۇرۇقلۇق ئاڭلىمىغان، قارىغان تۇرۇقلۇق كۆرمىگەن مۇشرىكلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 45 ~ 53 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ كَأَنْ لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِنَ النَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيْنَهُمْ ۚ قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى يىغىدۇ، ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە ئۇلار دۇنيادا گويا كۈندۈزنىڭ ئازغىنە ۋاقتىدىلا تۇرغاندەك بولىدۇ. بىر - بىرلىرىنى تونۇيدۇ. ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان ھېسابلاپ ھىدايەت تاپمىغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارنى بىز ھېساب ئۈچۈن مەھشەرگاھقا يىغىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار ئۇ كۈننى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ كۈن قايىم بولغاندا ئۇلار دۇنيادا ياشىغان مۇددىتىنى خۇددى كۈندۈزدىن ئازغىنە ۋاقىت دەپ ئەسلەيدۇ. ئۇلار بىر - بىرىنى تونۇيدۇ: ئاتا - ئانا بالىلىرىنى، بالىلار ئاتا - ئانىلىرىنى، ئەر - خوتۇنلار، ئۇرۇق - تۇغقانلار ۋە يېقىن - يورۇقلار بىر - بىرىنى تونۇيدۇ، لېكىن بىر - بىرىدىن قاچىدۇ، چۈنكى ھەر كىشى ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا ھىدايەت تاپمىغان كىشىلەر ئەنە شۇ كۈندە زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ اللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ
ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىلا، سەن ھايات ۋاقىتتىلا كۆرسىتىمىز)، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ (مەيلى بالدۇر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز)، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مەيلى بىز ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتەيلى ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى روھ قىلايلى، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ[7]، ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز، ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇشۇ دۇنيادا كېلىشىنى ئېيتقان ئازابنىڭ بەزىسىنى سەن ھاياتتا چاغدا ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرسەك ياكى ئۇنى ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ سېنى ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار ھەر ئېھتىمالدا بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چېكىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھچىدۇر: ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ رَسُولٌ ۖ فَإِذَا جَاءَ رَسُولُهُمْ قُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
(ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ) ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەر بىر ئۈممەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر ئۇممەتكە بىر رەسۇل[8] ئەۋەتىلگەن. رەسۇلى كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز دۇنيادا ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق، ئەلچىمىز كېلىپ ئۆز ئۇممىتىنى ھەقكە دەۋەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىشەنگەنلەرمۇ بولدى، ئىنكار قىلغانلارمۇ بولدى. قىيامەت قايىم بولغاندا بارلىق ئىنسانلار مەھشەرگاھقا يىغىلىدۇ ۋە ئەلچىلەرمۇ كېلىپ ھەر ئەلچى ئۆز ئۇممىتىدىن ئىشەنگەنلەرنىڭ پايدىسىغا، ئىنكار قىلغانلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ھېچكىمگە قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەنە شۇ مەھشەرگاھقا سەنمۇ كېلىپ ئۆز ئۇممىتىڭگە گۋاھلىق بېرىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى) بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار - بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى- بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(48-49) ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار قىيامەتنى ئىنكار قىلىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا، «سىلەر، ئىمان كەلتۈرۈپ سېپىڭلارغا قوشۇلمىساق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىمىزدىن بىزنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتىسىلەر. ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، قېنى!» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن، ئاللاھ خالىغان نەرسىدىن باشقا ئۆزۈمگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيمەن، ئۆزۈمدىن ھېچقانداق زىياننى دەپئى قىلالمايمەن. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن سىلەرگە، كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنى ۋاقتىدىن بۇرۇن كەلتۈرەلمەيمەن. شۇنى بىلىڭلاركى، ھەر ئۇممەتنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بىر ئەجەل بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولماستىن ھالاك بولىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۚ إِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَلَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ ھالاك بولىدىغان مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەر ئۇممەتنىڭ ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُهُ بَيَاتًا أَوْ نَهَارًا مَاذَا يَسْتَعْجِلُ مِنْهُ الْمُجْرِمُونَ
ئېيتقىنكى: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە (بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟) گۇناھكارلار (يەنى مۇشرىكلار) ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە -بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟- گۇناھكارلار ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى يېتىۋاتقان چېغىڭلاردا ياكى كۈندۈزدە كەلسە، گۇناھكارلار ئۇ ئازابتىن نېمىنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىنكارچىلارغا ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىدە كەلسە ياكى كۈندۈزدە كەلسە، ئۇنىڭ سىلەرگە قانداق پايدىسى بولىدۇ؟ ئۇنى چېكىشكە تاقەت قىلالامسىلەر؟ ياق، تاقەت قىلالمايسىلەر، شۇنداققۇ! ئى گۇناھكارلار! ئۇنداقتا، نېمىشقا ئۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَثُمَّ إِذَا مَا وَقَعَ آمَنْتُمْ بِهِ ۚ آلْآنَ وَقَدْ كُنْتُمْ بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ
(ئاللاھنىڭ) ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدى (ئېيتقان ئىمانىڭلار پايدىسىزدۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەسخىرە قىلىش بىلەن) ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدىمۇ؟ ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئازابقا، بېشىڭلارغا كەلگەندىن كېيىن ئىشىنەمسىلەر، ھازىرمۇ؟ بۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ؟». — ئەنەس ئالىم
يەنە بىر گەپ: سىلەر ئۇ ئازاب كەلگەندە ئىشىنەمسىلەر؟ ئىشىنىسىلەر، لېكىن ئۇ چاغدا ئىشىنىشىڭلارنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولامدۇ؟ ئۇ چاغدا سىلەرگە، «ئازابقا ئەمدى ئىشىنەمسىلەر! بۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ!» دەپ تەنقىد قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ قِيلَ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا بِمَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
ئاندىن كېيىن (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: «مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن كېيىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا: «مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن زالىملارغا: «ئەبەدىي ئازابنى تېتىڭلار! پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلار بىلەنلا جازالاندۇرۇلىسىلەر ئەمەسمۇ!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئىش بۇ ئازاب بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا: «دائىمىي ئازابنى تېتىڭلار، ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى چېكىسىلەر» دېيىلىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَسْتَنْبِئُونَكَ أَحَقٌّ هُوَ ۖ قُلْ إِي وَرَبِّي إِنَّهُ لَحَقٌّ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سەندىن: «ئۇ ۋەدە قىلىنغان ئازاب راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سەندىن: «ئۇ ئەبەدىي ئازاب راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئازاب ئەلۋەتتە راستتۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار تەرسالىق قىلىپ ۋە مەسخىرە قىلىپ سەندىن، «ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشى، مەھشەرگاھقا يىغىلىشى، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىنىشى ۋە ھېساب نەتىجىسىدە جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەلۋەتتە راست! رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئىشلار چوقۇم بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك - شۈبھە يوق! سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ أَنَّ لِكُلِّ نَفْسٍ ظَلَمَتْ مَا فِي الْأَرْضِ لَافْتَدَتْ بِهِ ۗ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم زېمىندىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدىغان بولسا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ) ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە مالىك بولىدىغان بولسا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەممىسىنى فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
زالىملىق قىلغان ھەر كىشى زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولسا ئىدى، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلغان بولاتتى. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە چوقۇم نادامىتىنى يوشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار قىيامەت قايىم بولغاندا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ تامامى ئۆزلىرىنىڭ بولۇشىنى ۋە ئۇلارنى فىديە قىلىپ بېرىپ (گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى چېكىشنىڭ ئورنىغا تۆلەپ بېرىپ)، ئۆزلىرىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى قىيامەت مەيدانىغا ھەر كىشى يالغۇز ۋە مال - مۈلۈكسىز كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى چېغىدا ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنى قىيامەت مەيدانىغا كەلتۈرۈپ فىديە سۈپىتىدە تۆلىشى مۇمكىن ئەمەس. مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ قىيامەت كۈنى فىديە ئېلىنمايدۇ، ئەكسىچە ھەر گۇناھكار ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى بىۋاسىتە ئۆزى چېكىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ ۋە بۇنى يوشۇرىدۇ. ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ھەققىدە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قىلچە ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ أَلَا إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
راستتىنلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، راستتىنلا ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، لېكىن ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) نىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ھەقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! شۇنى بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى جىمى نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇپ ۋە كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئى مۇشرىكلار! شۇنىمۇ بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئېلىش، ھېساب نەتىجىسىدە ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش، يامانلارنى جازالاش ھەققىدىكى ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ نەرسە توسالغۇ بۇلالمايدۇ، ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ، ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن ھېچبىر گۇناھكار قاچالمايدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى دۇنيا ھاياتىغا ئالداندى، شۇڭلاشقا ئۇلار بىلىشى كېرەك بولغان ئەنە شۇ ئىككى خۇسۇسنى لايىق رەۋىشتە بىلمەيۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلسە ئىدى، كۇفرىلىق قىلمىغان، شۇنداقلا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ خالىغان نەرسىسىنى يوقتىن يارىتىپ ئۇنىڭغا ھاياتلىق بېغىشلىيالايدىغان، ياراتقان نەرسىسىنى خالىسا ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن ھاياتلىقنى تارتىپ ئالالايدىغان زاتتۇر. يارىتىش، ياشىتىش ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر بولغان زات ھەر ئىشقا، جۈملىدىن ئىنسانلار ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىنى مۇكاپاتلاپ يامانلىرى جازالاشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان يېرىڭلار ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ئاللاھ تائالا 37 ~ 44 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىشىدىن ئەجەبلەنگەن مۇشرىكلارغا، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دەۋالىرىنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ، ئۇلارغا بىرەر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ بۇ توغرىدا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئاندىن 56 - ئايەتكىچە ئۇلارغا (تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە) دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 57 ~ 60 - ئايەتلەردە بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن ئەسلىدە ئىنسانلارغا قايسى نېمەتلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بولغان ئىلاھىي ئىلتىپات ۋە رەھمەتكە سۆيۈنۈشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ، مۇشرىكلارغا يولىنىڭ خاتالىقىنى ئەقلىي دەلىل بىلەن چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُمْ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە شىپا بولغان، مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن نەسىھەت، دىللاردىكى دەردلەرگە شىپا، مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! سىلەرگە قۇرئان نازىل قىلىنىش بىلەن سىلەرنى ياخشىلىققا باشلايدىغان پەند - نەسىھەت، دىللاردىكى (شەك - شۈبھە، نىفاق، جاھالەت، يامان نىيەت، ياخشىغا ۋە ياخشىلىققا ساقلانغان ئاداۋەت، ھەسەت،... كە ئوخشىغان) كېسەللىكلەرگە شىپا، ئىشەنگەنلەرنى ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا باشلايدىغان رەھبەر ۋە ئۇلارنى ئىككىلى دۇنيانىڭ بەخت - سائادىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان رەھمەت مەنبەسى كەلدى. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەند - نەسىھەتتۇر، لېكىن پەقەت ئىشەنگەنلەرگىلا شىپا، ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ بِفَضْلِ اللَّهِ وَبِرَحْمَتِهِ فَبِذَٰلِكَ فَلْيَفْرَحُوا هُوَ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ
ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان (دۇنيا ـ ماللىرىدىن) ياخشىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقانلىرىدىن ياخشىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىن: «ئاللاھنىڭ ئىلتىپات ۋە رەھمىتى بىلەن خۇشال بولسۇن. شۇنداق، ئۇلار پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا خۇشال بولسۇن. ئۇ ئۇلارنىڭ يىغقان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن ئاتا قىلغان ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتىگە سۆيۈنسۇن. شۇنداق، ئۇلار ئەنە شۇ ئىلتىپات ۋە رەھمەتكە سۆيۈنسۇن، چۈنكى قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىدايەت ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان ۋاسىتە بولۇپ، ئۇلار توپلايدىغان ۋاقىتلىق دۇنيا نېمەتلىرىدىن ياخشىدۇر». ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتىدىن سۆيۈنۈشكە بۇيرۇيدۇ، باشقا بىر ئايەتتە سۆيۈنگەنلەرنى مەدھىيەلەيدۇ ، باشقا بىر ئايەتتە ئۆزىنىڭ نۇسرىتىگە مۇئمىنلارنىڭ سۆيۈنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، يەنە باشقا بىرقانچە ئايەتتە دۇنيانىڭ زىبۇزىننەت ۋە نېمەتلىرىگە، باتىلغا سۆيۈنۈشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا سۆيۈنگەنلەرنى ئەيىبلەيدۇ. دېمەككى، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، رەھمىتى ۋە نۇسرىتىگە سۆيۈنۈشكە بولىدۇ. ئەمما دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋە باتىلغا سۆيۈنۈشكە بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ لَكُمْ مِنْ رِزْقٍ فَجَعَلْتُمْ مِنْهُ حَرَامًا وَحَلَالًا قُلْ آللَّهُ أَذِنَ لَكُمْ ۖ أَمْ عَلَى اللَّهِ تَفْتَرُونَ
ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا ئىزنى بەردىمۇ؟ ياكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلامسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا رۇخسە قىلدىمۇ؟ ياكى ئاللاھقا يالغاننى چاپلامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەر نېمىشقا ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقلارنىڭ بىر قىسمىنى ھارام، بىر قىسمىنى ھالال قىلىسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «بۇنداق قىلىشىڭلارغا ئاللاھ رۇخسەت قىلغانمۇ ياكى ئاللاھقا بوھتان چاپلاۋاتامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھ چۈشۈرگەن (ئاتا قىلغان) رىزىقتىن ئۆزى خالىغىنىنى ھالال، خالىغىنىنى ھارام دەپ قارايدىغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! نەپسى خاھىشىڭلار بويىچە، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقنىڭ بەزىسىنى ھالال، بەزىسى ھارام دەپ قارىشىڭلار توغرىسىدا ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بۇ ھەقتە ئاللاھ سىلەرگە ۋەھىي نازىل قىلىپ رۇخسەت بەرگەنمۇ؟ ياكى سىلەر ئاللاھقا بوھتان چاپلاۋاتامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ رۇخسەت بەرگىنى يوق، ئەسلىدە سىلەر ئاللاھقا بوھتان چاپلاۋاتىسىلەر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە رىزىقنى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بۇ يەردىكى «رىزىق»نىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇق - تۈلۈكلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى (بەزىلىرىنىڭ ئۆزىنى، بەزىلىرىنىڭ سەۋەبىنى) چۈشۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا ظَنُّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى قانداق ئويلايدۇ؟ (يەنى جازاغا تارتىلمايمىز، دەپ ئويلامدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر (چۈنكى ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى كېچىكتۈردى)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى ھەققىدە قانداق ئويلايدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتقانلار قىيامەت كۈنىنى نېمە چاغلايدۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ئۇ ھارام، بۇ ھالال» دېيىش بىلەن ئاللاھقا بوھتان چاپلاۋاتقان ئۇ كافىرلار قىيامەت كۈنىنى نېمە چاغلايدۇ؟! قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىشىنى ئويلايدۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى، قىيامەت كۈنى - كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغان، (ئاللاھ بۇيرۇمىغاننى بۇيرۇدى، ئاللاھ چەكلىمىگەننى چەكلىدى دېيىش ئارقىلىق) ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىيىن كۈندۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلىپ نۇرغۇن نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايۋاتىدۇ؛ بەزىلەر ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەر بىلەن گۇناھ قىلىۋاتقان، بەزىلەر دەلىلسىز ھالدا ئۇ نېمەتلەرنىڭ بەزىسىنى ھالال، بەزىسىنى ھارام دەپ قاراش بىلەن ئاللاھقا بوھتان چاپلاۋاتقان، بەزىلەر ئاللاھنىڭ دۇنيادا جازالىماي مۆھلەت بېرىشىگە شۈكۈر قىلىپ تەۋبە قىلىشنىڭ ئورنىغا گۇناھ قىلىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەۋاتقان . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا تَكُونُ فِي شَأْنٍ وَمَا تَتْلُو مِنْهُ مِنْ قُرْآنٍ وَلَا تَعْمَلُونَ مِنْ عَمَلٍ إِلَّا كُنَّا عَلَيْكُمْ شُهُودًا إِذْ تُفِيضُونَ فِيهِ ۚ وَمَا يَعْزُبُ عَنْ رَبِّكَ مِنْ مِثْقَالِ ذَرَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَلَا أَصْغَرَ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْبَرَ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كىتابتا روشەن خاتىرىلەنگەندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! سەن قانداق ھالەتتە بولساڭ، قۇرئاندىن قانداق نەرسە ئوقۇساڭ، سەن ۋە ئۈممىتىڭ قانداقلا ئىش قىلساڭلار، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان چېغىڭلاردا، بىز چوقۇم سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسماندا بولسۇن، زېمىندا بولسۇن، زەررە چاغلىق نەرسە رەببىڭنىڭ ئىلمىدىن قاچالمايدۇ. مەيلى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن ھەممىسى چوقۇم روشەن كىتابتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىنسانلارغا سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشى لازىملىقىنى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسىنىڭ شۈكۈر قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۆزىنىڭ ھەر ئىشنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈشى ۋە يۈرۈش - تۇرۇشىغا دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا شۈكۈر قىلغانلارنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا، تۇزكورلۇق قىلغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! سەن قانداق ئەھۋالدا بولساڭ ۋە قۇرئاندىن قايسى ئايەتنى تىلاۋەت قىلساڭ، بىز ئۇ ئەسنادا سېنى كۆرۈپ تۇرۇمىز. سەن ۋە ئۇممىتىڭ قانداق ئىش قىلساڭلار، سىلەر ئۇ ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان چېغىڭلاردا، بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇمىز. ئى مۇھەممەد! ئاسمان ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسە رەببىڭنىڭ ئىلمىدىن قاچالمايدۇ، زەررىدىن كىچىك نەرسىمۇ چوڭ نەرسىمۇ قاچالمايدۇ، ھەممىسى روشەن كىتابتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَا إِنَّ أَوْلِيَاءَ اللَّهِ لَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
راستتىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا قورقۇش يوقتۇر. ئۇلار -دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا- قايغۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرىگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(62-64) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى ۋە ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئىنسانلارنى، ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈشكە ۋە يۈرۈش - تۇرۇشىغا دىققەت قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ بىلىپ ۋە كۆزىتىپ تۇرۇشىنى دىققەتكە ئېلىپ، توغرا يولدا ماڭغانلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارغا بېرىدىغان مۇكاپاتىنى (ئالدىنقى ئايەتتە ئىشارەت قىلغان ياخشى ئاقىۋەتنى) قىسقىچە چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! ئاگاھ بولۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھ دوست تۇتقان ۋە ئۆزىگە يېقىن قىلغان كىشىلەر كېلەچىكى ئۈچۈن قورقمايدۇ، ئۆتمۈشى ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇ كىشىلەرگە دۇنيادا نۇسرەت ۋە رەھمەت، ئاخىرەتتە مەغپىرەت ۋە جەننەتنىڭ خۇش خەۋىرى بېرىلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر قىلچە ئۆزگەرمەستىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەنە شۇ خۇش خەۋەرگە لايىق بولۇش ناھايىتى كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر. ئاللاھ تائالا 62 ~ 64 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ دوستلىرىنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇكاپات ۋەدە قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ كىملىكىگە ۋە ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ نېمىلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. 65 ~ 70 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ ناشايان سۆزلىرىگە قايغۇرماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە تەسەللىي بېرىدۇ؛ ئۇ دۈشمەنلەرنى تونۇتىدۇ، ئۇلارغا بىر قىسىم نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ تەۋبە قىلىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، ئەكسى تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
لَهُمُ الْبُشْرَىٰ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ۚ لَا تَبْدِيلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدە ئەسلا ئۆزگىرىش يوقتۇر، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بار. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدە ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا يَحْزُنْكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا ۚ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۈپ (ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر). ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزلىرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن ئىززەت-شەرەپ ئاللاھقا مەنسۈپتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. شۈبھىسىزكى، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي كۈچىگە ئالدىنىپ سېنى ئىنكار قىلىشىغا، شۇنداقلا ھەققىڭدە ناشايان سۆزلەرنى قىلىشىغا قاراپ قايغۇرمىغىن، غەمكىن بولمىغىن، مەيۈسلەنمىگىن، چۈنكى ئىززەت ۋە غەلىبە ئاللاھقا ئائىت بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋە مۇئمىن بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نىيەت ۋە ئەمەللەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا سەن ۋە مۇئمىنلار ھەرگىزمۇ بوشىشىپ كەتمەستىن ۋەزىپەڭلارنى ئادا قىلىشتا قولۇڭلاردىن كېلىشىچە تىرىشىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ سىلەرنى غالىب، دۈشمىنىڭلارنى مەغلۇپ قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ ۗ وَمَا يَتَّبِعُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ شُرَكَاءَ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
راستتىنلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ئاللاھتىن باشقىغا بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن شېرىكلەرگە يالۋۇرىدىغانلار، پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى كىشىلەر ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىدىغانلار شېرىكلەرگە ئەگەشمەيدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاگاھ بولۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىدىكى بارلىق نەرسە ۋە كىشىلەر، جۈملىدىن ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ ئۇلارنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرىدۇ. ئۇنداقتا مۇشرىكلار چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەر قانداقمۇ ئىلاھ بولسۇن؟! ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇۋاتقان، بولۇپمۇ دۇئا قىلىۋاتقان ۋە قۇربانلىق - نەزىرلەرنى سۇنۇۋاتقان ئۇ مۇشرىكلار ئەسلىدە ئۆزلىرى ئاللاھقا كەلتۈرگەن شېرىكلەرگە ئەمەس (چۈنكى ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق)، ئەكسىچە «بۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ، بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ» دېگەن گۇمانلىرىغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت پەرەز بىلەنلا گەپ قىلىدۇ، ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ
-ئى ئىنسانلار!- ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، ئىبرەت قۇلىقى بىلەن ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كېچىنى يارىتىپ بەردى، كۈندۈزنى كۆرسەتكۈچى قىلدى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى جىمى مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان ئاللاھ سىلەرگە ئارام ئېلىپ ھارغىنلىقىڭلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن كېچىنى، ئىشلەپ تۇرمۇشۇڭلارنى قامداش ئۈچۈن كۈندۈزنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. ئاللاھنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزنى مەزكۇر مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يارىتىپ بېرىشىدە، يەتكۈزۈلگەن ئايەتلەرگە قۇلاق سالىدىغان ۋە ئۇلار ئۈستىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۖ هُوَ الْغَنِيُّ ۖ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ إِنْ عِنْدَكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ بِهَٰذَا ۚ أَتَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
ئۇلار (يەنى كاپىرلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، بىھاجەتتۇر (يەنى بالا قىلىۋېلىش ئېھتىياج ئۈچۈن بولىدۇ، ئاللاھ بولسا ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر)، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار : «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ئۇ بىھاجەتتۇر، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېگەن بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېدى. ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. سۆزۈڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق. ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلارنىڭ باشقا بىر ناشايان سۆزى: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشىدۇر. ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان زاتتۇر، ئاللاھنىڭ بارلىقى ئەزەلىي ۋە ئەبەدىيدۇر. بالىسى بولۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ پەقەت نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئېھتىياجى بولغان مەخلۇقاتنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ئاللاھ مەڭگۈ باقىيدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ۋە مۈلكىدۇر. ئى مۇشرىكلار! بۇ دەۋايىڭلارغا بىرەر دەلىلىڭلار يوق، ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھقا بوھتان چاپلامسىلەر؟ ئۇنداق قىلماڭلار! ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ دەۋا قىلاتتى. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسى بىلدۈرۈلۈپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىلمەكتىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا، يالغاننى ئۆزى توقۇپ چىقىپ ئاندىن ئۇنى ئاللاھقا چاپلىغان ئادەملەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَتَاعٌ فِي الدُّنْيَا ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ نُذِيقُهُمُ الْعَذَابَ الشَّدِيدَ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
ئۇلار بۇ دۇنيادىن (ئازغىنا ۋاقىتلا) بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار بۇ دۇنيادىن -ئازغىنا ۋاقىتلا- بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ[9] بۇ دۇنيادا ئازغىنە بەھرىمەن بولۇشتۇر. ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇلارغا كافىر بولغانلىقلىرى ئۈچۈن شىددەتلىك ئازابنى تېتىتىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن بىز ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىمىز ۋە ئۇلارغا كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ نُوحٍ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكُمْ مَقَامِي وَتَذْكِيرِي بِآيَاتِ اللَّهِ فَعَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْتُ فَأَجْمِعُوا أَمْرَكُمْ وَشُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُنْ أَمْرُكُمْ عَلَيْكُمْ غُمَّةً ثُمَّ اقْضُوا إِلَيَّ وَلَا تُنْظِرُونِ
ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە غۇۋا بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر شېرىكلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھەققىمدە خالىغىنىڭلارنى ئىجرا قىلىۋېرىڭلار، بىردەممۇ كېچىكتۈرمەڭلار! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا نۇھنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مېنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولسا مەن پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە ئىشىڭلارنى قارارلاشتۇرۇڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن. ئاندىن ماڭا ھېچ مۆھلەت بەرمەستىن ھەققىمدىكى ھۆكۈمىڭلارنى ئىجرا قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ساڭا قەۋمىڭدىن كەلگەن ئەزىيەتلەرنىڭ ئوخشىشى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ قەۋملىرىدىن كەلگەن. شۇڭلاشقا سەۋر قىلغىن، دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن؛ ساڭا ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە قارشى چىققان، شۇنداقلا ناشايان سۆزلەرنى قىلغانلارغا نۇھنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن: نۇھ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئاراڭلاردا بارلىقىم، ياشىشىم، تۇرۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن سىلەرگە نەسىھەت قىلىشىم ئېغىر كەلگەن، مۇشەققەتلىك تۇيۇلغان ۋە جاپالىق بولغان بولسا، بىلىڭلاركى مەن دەۋىتىمنى داۋاملاشتۇرىمەن ۋە ئاللاھقا تايىنىمەن. ئۇنداقتا، سىلەر ۋە ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىرلىشىپ ئالدى بىلەن ماڭا بېرىدىغان جازايىڭلارنى قارارلاشتۇرۇڭلار، ئاندىن ماڭا مۆھلەت بەرمەستىن ئۇ جازانى خەلقىئالەم ئالدىدا ئاشكارا ھالدا ئىجرا قىلىپ ئىشىمنى تۈگىتىڭلار! ئەگەر كۈچۈڭلار يەتسە ماڭا بۇنى قىلىڭلار. ئەمما سىلەر بۇنى قىلالمايسىلەر، چۈنكى مېنى رەببىم ئاللاھ قوغدايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەر مېنىڭ نەسىھىتىمدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەردىن ھېچقانداق ئەجىر سورىمىدىم. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم». — ئەنەس ئالىم
ئى قەۋمىم! ئەگەر دەۋەتىمدىن يۈز ئۆرۈشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، بىلىڭلاركى بۇنىڭ ماڭا بىرەر زىيىنى يوق. چۈنكى مەن دەۋەتنى سىلەردىن ھەق ئېلىپ قىلغىنىم يوق. مېنىڭ ئەجرىمنى ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ مېنى ئۆزىگە بويسۇنۇشقا ۋە ئىشلىرىمنى ئۆزىگە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇدى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَكَذَّبُوهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَجَعَلْنَاهُمْ خَلَائِفَ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنْذَرِينَ
لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچى (مۆمىن) لەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى (يەنى بىز قۇتقۇزغان كىشىلەرنى) (غەرق بولغانلارنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى (توپان بالاسى بىلەن) غەرق قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانچى قىلغانلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ
لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى غەرق بولغانلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى توپان بالاسى بىلەن غەرق قىلدۇق، -ئى مۇھەممەد!- ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزۇپ ئورۇنباسارلار قىلدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى بولسا غەرق قىلدۇق. قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم
نۇھ، قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشى ئۈچۈن شۇنچە تىرىشچانلىق قىلغان بولىسمۇ، ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ قەۋمنى ھالاك قىلىۋېتىپ، نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزۇپ ھالاك بولغانلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق. ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ جازاسى ۋە ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە قارىغىنا. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(10-سۈرە يۇنۇس، 74-ئايەت) قەلبلەرنىڭ پېچەتلىنىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا بِهِ مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ نَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْمُعْتَدِينَ
نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، (قەۋمىگە) ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر كېلىشتىن) ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيمىز — مۇھەممەد سالىھ
نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، ئۇلار روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەشۇنداق پېچەتلەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن ئەلچىلەرنى قەۋملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن ئۇلار بۇرۇن يالغان دېگەنلىكى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشقا يېقىنمۇ كەلمىدى. بىز ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئەۋەتكەن ۋە قەۋملىرى ئىشەنمىگەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ قىسسەلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئۆز قەۋملىرىگە ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئەلچىلىرىمىز، ئۆز قەۋملىرىنىڭ يېنىغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۇ قەۋملەر نۇھنىڭ قەۋمىدىن ئىنكار قىلىشنى ئۆگەنگەنلىكى، شۇنداقلا ئىنكار قىلىشقا ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە كەلگەن ئۇ ئەلچىلەرگە ئىمان كەلتۈرمىدى. بىز ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلىشتا ۋە روشەن دەلىلگە قايىل بولماسلىقتا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىمىز. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قىسسەلىرىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلمىغان. بۇ يەردە يۇقىرىدا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلدى ۋە 75 - ئايەتتىن باشلاپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئايەتتىكى «ئەلچىلەر» نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغىچە كەلگەن ۋە قەۋملىرى ئىشەنمىگەن پەيغەمبەلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغانلىرى ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملاردۇر. ئۇلارنىڭ قىسسەلىرى ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ وَهَارُونَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ بِآيَاتِنَا فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
. ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن) بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. لېكىن ئۇلار چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتىن باشلاپ 93 - ئايەتكىچە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتتىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز نۇھ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەلچىلىرىمىزدىن كېيىن مۇسانى قېرىندىشى ھارۇن بىلەن فىرۋئەنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگشمىدى ۋە بۇ قىلمىشى بىلەن گۇناھكار قەۋم بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا إِنَّ هَٰذَا لَسِحْرٌ مُبِينٌ
ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت كەلگەن چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەق كەلگەندە، «شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا ئۇلارنىڭ يېنىغا بىز تەرەپتىن ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «شۈبھىسىزكى، بۇ ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى. ئەسكەرتىش: ئۇلارنىڭ مۇسا ئېلىپ كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىنى تىللىرىدا (شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن، ئوپئوچۇق دەپ) بۇ قەدەر تەكىتلەپ ئىپادىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇ ھەقىقەتكە دىللىرىدا جەزمەن ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ مُوسَىٰ أَتَقُولُونَ لِلْحَقِّ لَمَّا جَاءَكُمْ ۖ أَسِحْرٌ هَٰذَا وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُونَ
مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا كەلگەن ھەق توغرۇلۇق مۇشۇنداق دەمسىلەر؟ بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا ئۇلارغا، «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزۈڭلارغا كەلگەن ھەق توغرىسىدا شۇنداق ناشايان سۆزنى قىلامسىلەر؟ بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر نىجات تاپالمايدۇ، مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِتَلْفِتَنَا عَمَّا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا وَتَكُونَ لَكُمَا الْكِبْرِيَاءُ فِي الْأَرْضِ وَمَا نَحْنُ لَكُمَا بِمُؤْمِنِينَ
ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنى) نىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە مىسىر زېمىنىنىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىدىن چىقىرىش ۋە قېرىندىشىڭ بىلەن بۇ يەرنىڭ چوڭلىرى بولۇش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز سەنلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋە قېرىندىشىڭ بىلەن ئىككىڭ بۇ يەرنىڭ چوڭلىرى بولۇش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭگە ھەرگىزمۇ ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئەمەس!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ائْتُونِي بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن: «بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى مۇسا بىلەن ھارۇننى سېھىرگەر دەپ گۇمان قىلدى، بۇ سەۋەبتىن فىرئەۋن ئادەملىرىگە مەملىكىتىدىكى بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى يىغىپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا جَاءَ السَّحَرَةُ قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ
سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «(ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلاردىن) تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سېھىرگەرلەر كەلگەندە مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر كېلىپ مۇسا بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى. ئۇ ئەسنادا مۇسا ئۇلارغا، «كۆرسەتمەكچى بولغان سېھىر ھۈنەرلىرىڭلارنى كۆرسىتىڭلار!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا أَلْقَوْا قَالَ مُوسَىٰ مَا جِئْتُمْ بِهِ السِّحْرُ ۖ إِنَّ اللَّهَ سَيُبْطِلُهُ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُصْلِحُ عَمَلَ الْمُفْسِدِينَ
ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار تاشلىغان ئىدى، مۇسا مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە سېھىر سىلەرنىڭ كەلتۈرگىنىڭلاردۇر، ئاللاھ ئۇنى چوقۇم بەربات قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى تۈزەتمەيدۇ، — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ئارغامچىلىرىنى ۋە ھاسىلىرىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى، مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار ھەقىقەتەن سېھىر بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ، چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى تۈزۈك، ياراملىق ۋە پايدىلىق ئىشقا ئايلاندۇرمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنى مەۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيُحِقُّ اللَّهُ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ». — ئەنەس ئالىم
ھەقكە (مېنىڭ مۆجىزەمگە) كەلسەك، گۇناھقا چۆمگەنلەر يامان كۆرۈپ ۋە قارشى چىقىپ تۇرسىمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ راستلىقىنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَمَا آمَنَ لِمُوسَىٰ إِلَّا ذُرِّيَّةٌ مِنْ قَوْمِهِ عَلَىٰ خَوْفٍ مِنْ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِمْ أَنْ يَفْتِنَهُمْ ۚ وَإِنَّ فِرْعَوْنَ لَعَالٍ فِي الْأَرْضِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الْمُسْرِفِينَ
مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن) ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا (يەنى مىسىر زېمىنىدا) شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا شەك ـ شۈبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇساغا ئۆز قەۋمىدىن پەقەت بىر بۆلۈك ياشلار، فىرئەۋن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىنىڭ قىينىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئىشەندى. چۈنكى فىرئەۋن ئۇ يەردە ھەقىقەتەن زومىگەر ئىدى ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئېلىشىشنىڭ نەتىجىسىدە مۇسانىڭ سېھىرگەر ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن مۇساغا، ئۆز قەۋمىدىن بىر بۆلۈك ياش بالىلار فىرئەۋننىڭ قىينىشىدىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مىللىتىدىن بولۇپ فىرئەۋنگە غالچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قىينىشىدىن قورققان ھالدا ئىشەندى، چۈنكى فىرئەۋن ئۆز مەملىكىتىدە زومىگەرلىك قىلغۇچى ۋە زۇلۇم قىلىشتا چېكىدىن ئاشقۇچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ، سېھىرگەرلەرنىڭ مۆجىزە ئالدىدا يېڭىلىپ تەسلىم بولۇشى ھادىسىسىىدن كېيىن مۇسانى ۋە مۇساغا ئىمان كەلتۈرگەن سېھىرگەرلەرنى، مۇساغا ئىمان كەلتۈرگەن باشقا كىشىلەرنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ مُوسَىٰ يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ
مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇساغا كەلسەك، ئۇ قەۋمىگە تەسەللىي بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماڭلار. ئەگەر ئىشلىرىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرغۇچىلار بولساڭلار، ئاللاھقا ئىشىنىڭلار ۋە تايىنىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَقَالُوا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن، — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇساغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ئاللاھقا تاياندۇق» دېدى ۋە ئاللاھقا مۇنداق ئىلتىجا قىلدى: «رەببىمىز! زالىم قەۋمنىڭ بىزنى قىينىشىغا يول قويمىغىن، ئۇلارنىڭ بىزگە زۇلۇم قىلىشىغا پۇرسەت بەرمىگىن، ئۇلارنىڭ بىزنى قىيىن - قىستاق بىلەن ئىمانىمىزدىن ياندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىغا ئىمكان بەرمىگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَنَجِّنَا بِرَحْمَتِكَ مِنَ الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» — مۇھەممەد سالىھ
بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن كافىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن». — ئەنەس ئالىم
يا رەببى! بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن بۇ كافىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن، ئۆز ئىلتىپاتىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يامانلىق ۋە زىيانكەشلىكلىرىدىن قۇتقۇزغىن». ئاللاھ تائالا 83 ~ 86 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارنىڭ كافىرلاردىن قورققانلىقىنى، لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھەتى بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل ۋە ئىلتىجا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 87 ~ 89 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا نامازنى ئۆتەش توغرىسىدا ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەنلىكى، مۇسا بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە دۇئايىبەت قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارغا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: «ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن». — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋننىڭ بېسىمى كۈچىيىپ مۇئمىنلار مۇساغا ئاشكارا ناماز ئۆتىيەلمەيۋاتقانلىقى توغرىسىدا دەرد ئېيتقان چاغدا، بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇنغا، قەۋمى ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر تەييارلىشىنى ۋە ئۇلارغا، «ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار» دېيىشىنى ۋەھىيى قىلدۇق، مۇساغا «مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ ۖ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَىٰ أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇسا ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ.ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ » — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز! كىشىلەرنى يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈن ـ ئى رەببىمىز! - پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ، رەببىمىز! ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى كۆرسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «رەببىمىز! سەن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال - مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتىۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمىسۇن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا فىرئەننىڭ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ شۇنچە روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنىڭ پاراۋان تۇرمۇش ۋە مال - مۈلۈكلىرىگە ئالدىنىپ كۇفرىلىق ۋە تەرسالىقتا ئەزۋەيلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا مۇنداق دۇئايىبەت قىلدى: «رەببىمىز! سەن فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئەكابىر - ئەشرەپلىرىگە دۇنيا ھاياتىدا زىننەت (ئېسىل كىيىم - كېچەك، ئالىي ئۆي سەرەمجانلىرى، زىننەت بۇيۇملىرى) ۋە مال - مۈلۈك (ئالتۇن - كۈمۈش، مال - ۋاران، تۈرلۈك زىرائەتلەر، باغ - بوستانلار) بەردىڭ. رەببىمىز! ئۇلار ساڭا شۈكۈر قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇ زىننەت ۋە مال - مۈلۈكلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن ئېزىپ كەتتى، شۇنداقلا باشقىلارنى ئازدۇردى. رەببىمىز! شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى قۇرۇتۇۋەتكىن، باشقىلارنى ئازدۇرالمىسۇن. قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتكىن، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولغانغا قەدەر ئىمان ئېيتمىسۇن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ قَدْ أُجِيبَتْ دَعْوَتُكُمَا فَاسْتَقِيمَا وَلَا تَتَّبِعَانِّ سَبِيلَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ: «دۇئايىڭلار ئىجابەت قىلىندى. توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىڭلار ۋە بىلمەيدىغانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە دۇئايىبەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇ دۇئانى ئىجابەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، ئۇنداقتا ۋەزىپەڭلارنى ئورۇنداشنى ھېچ بوشاشماستىن داۋاملاشتۇرۇڭلار ۋە ھەقنى بىلىشنى خالىمايدىغان جاھىللارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار» دېدى. ئەسكەرتىش: 88 - ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئا قىلغانلىقى، 89 - ئايەتتە مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، بىر كىشى دۇئا قىلسا، باشقىلار: «ئامىن» دېسە، ھەممەيلەن دۇئا قىلغان بولىدۇ. بۇ دۇئانىڭ ئىجابەت قىلىنىش شەكلى بولسا، مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 89 - ئايەتتە مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ خانىدانىغا قىلغان دۇئايىبەتلىرىنىڭ ئىجابەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 90 ~ 93 - ئايەتلەردە بولسا، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى بەنى ئىسرائىل (مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى)نىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ وَجُنُودُهُ بَغْيًا وَعَدْوًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَدْرَكَهُ الْغَرَقُ قَالَ آمَنْتُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا الَّذِي آمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇ ئەسنادا فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى زۇلۇم قىلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ئىدى. ئاخىرى فىرئەۋن غەرق بولۇۋېتىپ: «مەن ئىمان ئېيتتىم: شۈبھىسىزكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان زاتتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز بىلەن بەنى ئىسرائىلنى كېچىدە ئېلىپ يولغا چىققان ۋە بىز دېڭىزنى ئىككىگە ئايرىپ ئېچىپ بەرگەن يولغا كىرگەن ئىدى، ئۇ ئەسنادا فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىمۇ ئۇلارنى قوغلاپ كېلىپ ئۇ يولغا كىرگەن ئىدى، بىز ۋەدىمىز بويىچە بەنى ئىسرائىلنى دېڭىزدىن ساق - سالامەت ئۆتكۈزدۇق، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە، ئېچىلغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تاغدەك تۇرغان سۇنى قويۇپ بېرىپ ئۇلارنى غەرق قىلىۋەتتۇق. فىرئەۋن غەرق بولۇۋېتىپ: «مەن ئىشەندىمكى: بەنى ئىسرائىل ئىمان كەلتۈرگەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىلاردىنمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
آلْآنَ وَقَدْ عَصَيْتَ قَبْلُ وَكُنْتَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
(ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ — مۇھەممەد سالىھ
-ئۇنىڭغا دېيىلدىكى-: «ئەمدى ئىمان ئېيتامسەن؟ ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئەمدىمۇ؟ ھالبۇكى، سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئىمان كەلتۈرەمسەن؟ ھالبۇكى، سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسىيلىق قىلغان ئىدىڭ ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَالْيَوْمَ نُنَجِّيكَ بِبَدَنِكَ لِتَكُونَ لِمَنْ خَلْفَكَ آيَةً ۚ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ عَنْ آيَاتِنَا لَغَافِلُونَ
سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز». نۇرغۇن كىشىلەر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئارقاڭدىكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن جەسىتىڭنى قۇتقۇزۇپ ساھىلدا ئېگىز يەرگە چىقىرىمىز». شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر. — ئەنەس ئالىم
سەن ئۆز ۋاقتىدا قىلىنغان شۇنچە نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلمىدىڭ، شۇنچە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىدىڭ! شۇڭلاشقا سېنىڭ ئەمدى سەكراتقا چۈشكەن چېغىڭدا قىلغان تەۋبەڭ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئىمانىڭ ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. بۈگۈن ھالاك بولىسەن، لېكىن بىز سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ ئىبرەتى ئالەم قىلىمىز». ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىگە ھەر زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تۇتقان سەلبى پوزىتسىيەسىنى بايان قىلىپ: «ئىنسانلارنىڭ تولىسى قۇدرىتىمىز كۆز ئالدىكىكى دەلىللىرىنى كۆرمەسكە سالماقتا، نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزگە بويۇنتاۋلىق قىلماقتا» دەيدۇ، شۇنداقلا كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ بَوَّأْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مُبَوَّأَ صِدْقٍ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ فَمَا اخْتَلَفُوا حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْعِلْمُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى (ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن) ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئىچىگە ئالغان تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا)ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى شېرىن نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئىختىلاپ قىلىشتى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ياخشى يەرگە ئورۇنلاشتۇردۇق ۋە ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئەمما ئۇلار ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ ئىختىلاپ قىلىشتى. بىز ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەق توغرىسىدا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، ھەر كىشىنى لايىق بولغان جايغا (دوزاخقا ياكى جەننەتكە) ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئەسكەرتىش: بەنى ئىسرائىلنىڭ «ياخشى يەر»گە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئۇلار دېڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن قىلغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىلاھىي جازانى چەككەندىن كېيىن ئەمەلىيلەشكەن. ئاللاھ تائالا 71 ~ 93 - ئايەتلەردە بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ، مۇئمىنلارغا بېرىلگەن تەسەللىينى ۋە مۇشرىكلارغا قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا مۇشرىكلارنىڭ قۇرئان ھەققىدە شۈبھە قىلىۋاتقانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. 94 ~ 97 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇرئانغا ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە جەزمەن ئىشىنىشكە بۇيرۇيدۇ، قۇرئاننىڭ راستىلىقىدىن شۈبھىلەنگەن ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇۋېتىش ۋە ھىدايەت قىلىشتىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ كُنْتَ فِي شَكٍّ مِمَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ فَاسْأَلِ الَّذِينَ يَقْرَءُونَ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ لَقَدْ جَاءَكَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
مۇبادا سەن ساڭا بىز نازىل قىلغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇغانلار (يەنى تەۋرات بىلەن ئىنجىل نازىل قىلىنغان يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ھەق (قۇرئان) كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
مۇبادا سەن بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇغانلاردىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ھەق قۇرئان كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر سەن بىز ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇغانلاردىن سوراپ باققىن. شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭدىن ھەق كەلدى. ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن، — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ناۋادا بىز ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاندىن شۈبھىلىنىدىغان بولساڭ، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرىدىن ۋە ناسارالارنىڭ راھىبلىرىدىن سورىغىن، چۈنكى ئۇلار تەۋرات ۋە ئىنجىلدا سېنىڭ سۈپەتلىرىڭنى ئوقۇيدۇ، شۇنداقلا سېنى تونۇيدۇ ۋە ساڭا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشىشنىڭ شەرتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭدىن ھەق كەلدى، بۇ ھەقتە ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ فَتَكُونَ مِنَ الْخَاسِرِينَ
سەن ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن، (ئۇنداق بولساڭ) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن — مۇھەممەد سالىھ
سەن ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن، ئۇنداق بولساڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگۈچىلەردىن بولمىغىن. بولمىسا زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىن بولمىغىن، ئەكسى تەقدىردە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ حَقَّتْ عَلَيْهِمْ كَلِمَتُ رَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ
شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك بولغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك بولغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭنىڭ ئازاب سۆزىگە لايىق بولغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ، — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! شۇنى بىلگىنكى، رەببىڭنىڭ «بۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ» دېگەن سۆزى ئەمەلىيلەشكەن كىشىلەر ئىمان ئېيتمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ياخشى ۋە يامان ئىككى يولنى قويۇپ، ئۇلارغا ئۇ يولنىڭ قايسىسىنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئىختىيارى بىلەن يامان يولنى تاللىغانلارنى ئۆزلىرى تاللىغان يامان يولدا قويۇپ قويىدۇ؛ ھىدايەت قىلمايدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ جَاءَتْهُمْ كُلُّ آيَةٍ حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
ئۇلارغا پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە (ئىمان ئېيتمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، دەرتلىك ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا بارلىق ئايەتلەر كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار بارلىق ئايەتلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگىچە ھەرگىزمۇ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ. دەرۋەقە تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمگەن، كۇفرىلقتا ئەزۋەيلىگەن ئادەملەر ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ يەنىلا ئىمان ئېيتمايدۇ، ئۇلار پەقەت ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا ئىمان ئېيتىدۇ، لېكىن ئۇ چاغدىكى ئىمان ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە قارشى تۇتقان ۋە تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ھەققىدە ئېيتقان: «ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ: «ئۇلار قىيامەت كۈنى شەيتان بىلەن دوزاخقا كىرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تەرسالارغا ئايەتلەر، ئاگاھلاندۇرۇشلار تەسىر قىلمايدۇ، ئۇلار ھېچبىر ئايەتكە پەرۋا قىلمايدۇ، ھېچبىر مۆجىزىگە دىققەت قىلمايدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئاگاھلاندۇرماسلىق ئوخشاشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَوْلَا كَانَتْ قَرْيَةٌ آمَنَتْ فَنَفَعَهَا إِيمَانُهَا إِلَّا قَوْمَ يُونُسَ لَمَّا آمَنُوا كَشَفْنَا عَنْهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَىٰ حِينٍ
(ھالاك بولغان شەھەرلەر ئاھالىلىرى ئىچىدە) يۇنۇس قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۇنۇس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن) بەھرىمەن قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
#نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
نېمە ئۈچۈن ئازاب كەلگەندە ئىمان ئېيتىپ، ئىمانىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بىرەر يۇرت ئاھالىسى بولمىدى؟! لېكىن يۇنۇسنىڭ قەۋمى ئىمان ئېيتقان ئىدى، بىز ئۇلاردىن بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى كۆتۈرۈۋەتتۇق ۋە ئۇلارغا يەنە بىر مۇددەت ياشاش ئىمكانىيىتى بەردۇق. — ئەنەس ئالىم
نېمە ئۈچۈن يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈپ ئازابتىن قۇتۇلمىدى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى ئىنكارغا ئەمەس، ئەكسىچە ئىمانغا ئىشلەتسە بولمامدۇ! كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىنىڭ ھەممىسى ئىنكار قىلدى ياكى بەزىسى ئىشەنسە، بەزىسى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا نېمە توسالغۇ بولدى؟! لېكىن يۇنۇسنىڭ قەۋمى باشتا ئىنكار قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇلار يۇنۇس ئۇلارنى تەرك ئېتىپ يۇرتتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئازابنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا جەزم قىلىپ، ھەممىسى ئىمان ئېيتقان ئىدى، بىز ئۇلاردىن ئازابتىن كۆتۈرۈۋەتتۇق ۋە بىر مۇددەت ياشاتتۇق. يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۆز ۋاقتىدا (مىلادىدىن تەخمىنەن سەككىز ئەسىر بۇرۇن) كۈنىمىزدىكى ئىراقنىڭ «مۇسۇل» ۋىلايىتىگە قاراشلىق «نىنوۋا» رايونى ئاھالىسىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇ قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ «يۇنۇس» دېگەن ئىسمى بىلەن تۆت قېتىم، «بېلىقنىڭ ھەمراھى»دېگەن لەقىمى بىلەن ئىككى قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام، شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ، قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا ئاچچىقلاپ، ئۇلارغا ئىمان ئېيتمىغان تەقدىردە ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى تەرك ئەتكەن ۋە مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى مېڭىپ پەلەستىننىڭ «يافا» پورتىغا يېتىپ كەلگەن، ئۇ يەردىن «تەرشىش - بۈگۈنكى سۇرىيەنىڭ تەرتۇس ۋىلايىتى ئىچىدە بىر جاي» شەھىرىگە كېتىش ئۈچۈن كېمىگە چىققان. كېمە، يۈكى ئېغىر بولغاچقا ئۇ ياققا - بۇ ياققا چايقالغىلى باشلىغان. بۇ ئەھۋالدىن قورققان كېمە ئەھلى يۈكنى يەڭگىللىتىش، شۇنداقلا چۆكۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئارىلىرىدىن بىرقانچە كىشىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشنى ۋە بۇ ئىشنى ئادالەت بىلەن قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئارىلىرىدا چەك تاشلىشىشنى قارالاشتۇرغان، چەك تاشلىشىش نەتىجىسىدە يۇنۇس ئەلەيھىسسالام تاشلىۋېتىلىدىغانلارنىڭ قاتارىدا چىققان. شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس ئەلەيھىسسالام دېڭىزغا تاشلانغان ۋە ئۇنى بېلىق يۇتۇپ كەتكەن. ئۇ، بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ خاتالىقىنى تونۇغان ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتقان، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى ۋە ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن ساھىلغا چىقارغان، ئۇنىڭغا كاۋا ئائىلىسىدىن بولغان بىر دەرەخ ئۈندۈرۈپ بەرگەن. ئاندىن ئۇنى ئۇ ئاھالىگە (يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە) قايتا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە كەلسەك، ئۇلار يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئايرىلغاندىن كېيىن يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ كېلىشىگە جەزمەن ئىشىنىپ، ھەممەيلەن سەمىمىي ھالدا تەۋبە قىلغان ۋە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئازابتىن قۇتۇلغان، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەگەندە ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئەگەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاھالە (نىنوۋا ئاھالىسى)، پەيغەمبىرى ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن تامامى ئىمان كەلتۈرگەن بىرلا ئاھالە بولغان ۋە ئەجەللىرى توشقۇچە ياشىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ لَآمَنَ مَنْ فِي الْأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعًا ۚ أَفَأَنْتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، -ئەھۋال شۇنداق ئىكەن- سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇنداقتا ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا سەن زورلامسەن؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر رەببىڭ خالىغان بولسا يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ئىمان كەلتۈرگەن بولاتتى، لېكىن رەببىڭ بۇنى خالىمىدى. شۇڭلاشقا ئىنسانلاردىن پەقەت ئۆزلىرى خالىغانلارلا ئىمان كەلتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىش توغرىسىدىكى قانۇنى مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سەن ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا زورلامسەن؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَنْ تُؤْمِنَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَيَجْعَلُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ
ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بولماستىن ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ[10]. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ، يەنى ئۆزىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى ئىماننى تاللاشقا ئىشلىتىپ ئاللاھنىڭ تەۋپىقىگە ئېرىشكەن كىشىلەرلا ئىمان ئېيتالايدۇ. دەلىللەردىن يۈز ئۆرۈگەن، نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلمىغان ۋە يامانلىقنى تەرك ئېتىپ ھەقكە يۆنەلمىگەنلەر ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا لايىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا مۇئمىن بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ھىدايەت قىلىشنى ۋەدە قىلغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش كېرەك. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ ئۈستىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. دەرۋەقە، ئاللاھ تائالا بۇ (98 ~ 100 -) ئۈچ ئايەتتە، بولۇپمۇ 99 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىشتىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىغا (سۈننەتۇللاھقا) ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ قانۇن تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، 2) ئاللاھ تائالا زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ، 3) فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ، 4) كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ، 5) ئازغۇنلۇق يولىغا ماڭغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ، 6) يالغانچى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ، 7) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، كاززاپنى ھىدايەت قىلمايدۇ. بۇ قانۇن دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن، ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن ۋە ھەقنى قوبۇل قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دىلى يورۇيدۇ، كۆزى ئېچىلىدۇ، پاك ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان كىشى زالىم، كافىر، فاسىق، كاززاپ، ئازغۇن، تۇزكور، ھەددىدىن ئاشقۇچى قاتارلىقلاردىن بىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلمىگەنلىكى، ھەقىقەتكە ئىنتىلمىگەنلىكى ۋە ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى... قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تەبىئىي ھالدا ئۇ يامان سۈپەتلەرنىڭ بىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىر پاسكىنىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ پاسكىنىلىقى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ، ئۈستى - ئۈستىگە دۆۋىلىنىدۇ ۋە قاتمۇقات بولۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ كىشى بۇ پاسكىنىلىقنىڭ ئاستىدا قېلىپ تۈگىشىدۇ. ئۇ كىشى باشتىلا ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئىمان ئېيتقان بولسا ئىدى، ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەرگە ئوخشاش پاك فىترىتىنى ساقلاپ قالغان، شۇنداقلا پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشكەن بولاتتى. ئاللاھ تائالا 98 ~ 100 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىشتىكى قانۇنىنى تەكىتلەيدۇ. 101 - 103 - ئايەتلەردە بولسا، ئىنسانلارغا ھىدايەت تېپىش ئۈچۈن كائىناتتىكى دەلىللەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ ھەقنى ئىزدىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ، تەپەككۇر قىلمىغان، شۇنداقلا ھىدايەت تاپمىغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى، تەپەككۇر قىلغان ۋە ھىدايەت تاپقانلارنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلِ انْظُرُوا مَاذَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا تُغْنِي الْآيَاتُ وَالنُّذُرُ عَنْ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ
ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «قاراپ بېقىڭلار، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا نېمە بار؟ ئايەتلەرنىڭ ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان قانداق دەلىللەر بار؟ قاراپ بېقىڭلار!. ئۇلاردا سىلەرنى قايىل قىلىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار، لېكىن دەلىللەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار تەپەككۇر قىلىپ ئىشىنىشكە تىرىشمايدىغان كىشىلەرگە تەسىر قىلمايدۇ، مەنپەئەت قىلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَهَلْ يَنْتَظِرُونَ إِلَّا مِثْلَ أَيَّامِ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ قُلْ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ (يەنى ئازابنىڭ) (ئۆزلىرىگە كېلىشىنى) كۈتىدۇ». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن (سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى) كۈتكۈچىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىشىنى كۈتىدۇ». -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «سىلەر كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن كۈتكۈچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنىڭ ئوخشىشىنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتكۈچىلەردىنمەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئىچىدىكى ئىنكارچىلار تەپەككۇر قىلمىسا ۋە ئىشىنىشكە تىرىشمىسا، دېمەككى ئۇلار ئىلگىرى ئۆتكەن ئازغۇن قەۋمىلەر (نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب ۋە مۇسانىڭ قەۋملىرى)نىڭ باشلىرىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ باشلىرىغا كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مادامىكى سىلەر دەلىللەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمايسىلەر ۋە ئىشەنمەيسىلەر، ئۇنداقتا بېشىڭلارغا كېلىدىغان ئېغىر كۈنلەرنى كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئۇ كۈنلەرنىڭ بېشىڭلارغا كېلىشىنى كۈتىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ نُنَجِّي رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ حَقًّا عَلَيْنَا نُنْجِ الْمُؤْمِنِينَ
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۆمىنلەرنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۇئمىنلارنى قۇتقۇزدۇق، مۇئمىنلارنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن بىز ئەلچىلىرىمىزنى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقۇزىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. بىز مۇئمىنلارنى شۇنداق قۇتقۇزىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرىكى ئازغۇن قەۋملەرنى ھالاك قىلىپ، ئەلچىلىرىمىزنى ۋە ئۇلارغا ئىشەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇپ كەلدۇق. بۇ، بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. بىز مۇئمىنلارنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز. ئاللاھ تائالا 101 ~ 103 - ئايەتلەردە ئىنسانلارنى، ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا، شۇنداقلا ھىدايەت تېپىشقا بۇيرۇپ ئۇ بۇيرۇقىغا بويسۇنغانلارنىڭ ۋە بويسۇنمىغانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. 104 ~ 107 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەرسالىق قىلىۋاتقان مۇشرىكلارغا ئۆزىنىڭ دىنىي مەيدانىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە تەۋھىد ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ، ئۇنىڭغا ياخشى - يامان بارلىق ئىشلارنىڭ ئۆز ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن بەندىلىرىگە يەتكەن ئىشلارنىڭ ئۆز قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مەغپىرىتىنىڭ بۈيۈك ۋە مەرھەمىتىنىڭ كەڭلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى لايىق بولغان بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي شَكٍّ مِنْ دِينِي فَلَا أَعْبُدُ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ أَعْبُدُ اللَّهَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقانلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۇئمىنلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئەگەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە چوقۇنمايمەن. لېكىن مەن سىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان ئاللاھقا چوقۇنىمەن. ماڭا مۇئمىنلاردىن بولۇشۇم ئەمر قىلىندى — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر مەن ئاللاھتىن ئېلىپ، ئۆزۈم بويسۇنۇۋاتقان ۋە سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان دىنىم توغرىسىدا شەك قىلىدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى: مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان باتىل مەبۇدلارغا چوقۇنمايمەن، ئەكسىچە مەن سىلەرنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان ئاللاھقا چوقۇنىمەن، ئاللاھ مېنى ئۆزىگە ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشقا بۇيرۇدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْ أَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
يەنە (ماڭا): «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
يەنە -ماڭا-: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە مۇنداق دېيىلدى: توغرا دىنىغا يۈزلەنگىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن. — ئەنەس ئالىم
(105-106) «ئى مۇھەممەد! ئىخلاس بىلەن توغرا دىنغا يۆنەلگىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن. ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلمىغىن، چۈنكى ئاللاھتىن غەيرىي ساڭا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، سەندىن ھېچقانداق زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ؛ ناۋادا ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلساڭ چوقۇم مۇشرىكلاردىن بولۇپ كېتىسەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَدْعُ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَ ۖ فَإِنْ فَعَلْتَ فَإِنَّكَ إِذًا مِنَ الظَّالِمِينَ
ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم (ئۆزۈڭگە) زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ نى قويۇپ، ساڭا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم ئۆزۈڭگە زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلمىغىن! ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يُرِدْكَ بِخَيْرٍ فَلَا رَادَّ لِفَضْلِهِ ۚ يُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى) — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر» -دېيىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ پەزلىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئاللاھ ياخشىلىقنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە يەتكۈزىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
«ئى مۇھەممەد! شۇنى بىلگىنكى: ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇنى سەندىن ئاللاھتىن غەيرىي كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىنى سەندىن ھېچكىم قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، ئاللاھ ئىلتىپاتىنى خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغانلارغا بۈيۈك، رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا كەڭدۇر». ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا مۇشرىكلارنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن ئەجەبلەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئالدىنقى (107 -) ئايەتكە قەدەر ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلچىسى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ، بۇ ھەقىقەتلەرگە ئىشەنگەنلەرنى ۋە ئىشەنمىگەنلەرنى تونۇتىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىشتىكى ۋە ئازدۇرۇۋېتىشتىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىنى (سۈننەتۇللاھنى) چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىشى ۋە قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىدۇ ۋە نەتىجىدە ھەقنىڭ غالىب، باتىلنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى (108 - ۋە 109 -) ئايەتتە بولسا، ئەنە شۇ مەزمۇنلارنى خۇلاسىلەيدۇ ۋە تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِوَكِيلٍ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن» — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەق كەلدى. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئېزىپ كېتىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ۋەكىل ئەمەسمەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ماڭا قۇرئاننى نازىل قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە مېنىڭ قۇرئاننى سىلەرگە يەتكۈزۈشۈم بىلەن سىلەرگە رەببىڭلار ئاللاھتىن ھەق كەلدى. كىم بۇ ھەقنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا قارىتا ياشىسا پايدىسى ئۆزىگە بولىدۇ، كىم گۇمراھلىقىنى داۋاملاشتۇرسا زىيىنىنى ئۆزى تارتىدۇ. مېنىڭ ۋەزىپەم سىلەرنى ئىمانغا زورلاش ئەمەس، ئەكسىچە ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر، خالاس». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتَّبِعْ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغىچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەگەشكىن. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن ۋە ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلغىن. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىن، ئۆزۈڭگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە بويسۇنغىن، ئاللاھ ساڭا نۇسرەت ۋە غەلىبە ئاتا قىلىپ دۈشمىنىڭ بىلەن ئاراڭنى ئايرىغانغا قەدەر سەۋر قىلغىن ۋە بىلگىنكى: ئاللاھ ئادالىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئەڭ ياخشى ئايرىغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى