ئال ئىمران سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 200 ئايەتمەنىسى: ئىمران ئائىلىسى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئىمران(ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئاتىسى)ئائىلىسىنىڭ پەزلى بايان قىلىنغان(35~55-ئايەتلەر)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الم
ئەلىف، لام، مىم — مۇھەممەد سالىھ
ئەلىف، لام، مىم(بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىدىن بولۇپ، مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلىف، لام، مىم. — ئەنەس ئالىم
ئەلىف، لام، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچىدۇر ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
«ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر» - ئاللاھ يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، چۈنكى مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى پەقەت ئاللاھتىلا باردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ باتىلدۇر، ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىنغان ئىبادەت باتىلدۇر. «دائىم تىرىكتۇر» - مۇكەممەل ۋە دائىمىي تىرىكلىك ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ تىرىكلىكى باشقا جانلىق نەرسىلەرنىڭ تىرىكلىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ تىرىكلىكى پەيدا بولمىغان، شۇنداقلا مەڭگۈ يوقالمايدىغان ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي تىرىكلىكتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ ھەر يەردە ھازىر ۋە ھەر ئىشقا قادىردۇر، ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ. «پۈتۈن مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر» - ئاللاھنىڭ بارلىقى باشقا بىرەر نەرسىنىڭ بارلىقىغا موھتاج ئەمەس، ئەكسىچە ھەر نەرسىنىڭ بارلىقى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا موھتاجدۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى خالىغىنىچە يارىتىدۇ، ياراتقىنىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە خالىغان چېغىدا يوق قىلىدۇ. يارىتىش، ياشىتىش، ئۆلتۈرۈش ۋە قايتا تىرىلدۈرۈش پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
نَزَّلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَأَنْزَلَ التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ
(ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھ) ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەق بىلەن نازىل قىلدى. ئىلگىرى، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇ ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى كىتاب (قۇرئان) نى ھېكمەت بىلەن تەدرىجىي نازىل قىلدى. ئىلگىرى كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى. ئەمدى بولسا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، يامانلارنى جازالىغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدىغان بۇ ھەق كىتابنى ساڭا نازىل قىلدى. ئاللاھ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنىمۇ نازىل قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم
(3-4) بۇ يەردىكى «كىتاب» قۇرئان كەرىمنى، «ساڭا»دىكى ئىككىنچى شەخس ئالمىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقى ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، پۈتۈن ئىلاھىي كىتابلارنى ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغانلىقى ۋە ئۇ كىتابلارنى نازىل قىلىش سەۋەبىنىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش يەنى يەككە - يېگانە ئىلاھ بولغان ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىتىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە خىرىستىيانلارنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مِنْ قَبْلُ هُدًى لِلنَّاسِ وَأَنْزَلَ الْفُرْقَانَ ۗ إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ
ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى بارلىق ساماۋى كىتابلارنى) نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، (يامانلارنى) جازالىغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى نازىل — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئىككى كىتاب بۇرۇن ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى ئىدى. ئاللاھ فۇرقاننى نازىل قىلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق ئازاب بار. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ اللَّهَ لَا يَخْفَىٰ عَلَيْهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ
شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر، ھەرىكەتلەر، ھادىسىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن يارىتىدۇ ۋە مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، ھەر نەرسىنى ئۆز ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرىدۇ. جۈملىدىن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىمۇ ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان ۋە قىيامەتكە قەدەر يارىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ياشىتىدۇ ۋە ئۆز ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئۈنلۈك - مەخپىي بارلىق سۆزلىرىنى، ئاشكارا - يوشۇرۇن پۈتكۈل قىلمىشلىرىنى بىلىدۇ، ھەتتا ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلگەن خىياللارنىمۇ بىلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن غەيب بولغان نەرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە كېلەچىكىنى بىلىدۇ. ئىنساننىڭ قىلمىشى بىر دانە قىچا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. قىسقىسى ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن ئىنساننىڭ بارلىق سۆز - ھەرىكەتلىرىنى ۋە دىللىرىدىكى سىرلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە كۆزىتىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ سىلەرنى بالىياتقۇدىكى چېغىڭلاردا ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدا سىلەرنى خالىغانچە شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ئانىلىرىنىڭ قورساقلىرىدا شەكىلدىن شەكىلگە كىرگۈزۈپ يارىتىشى، شۇنداقلا جىنس، چىراي - شەكىل، رەڭگىروي ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلەر جەھەتتىن ھەر ئىنساننى پەرقلىق يارىتىشى ئۆز قۇدرىتىنىڭ ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، چۈنكى ئىنسانلاردىكى بۇ پەرقلەر پەقەت ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئىرادىسى بىلەنلا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 7-ئايەت) شەكسىز ئىتىقاد قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى قۇرئاننىڭ ھىدايىتى دىللاردىكى كېسەللىكهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ ۖ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ ۗ وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ ۗ وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (مەنىسى ئېنىق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (مەنىسى ئىنسانلارغا ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرى ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ. بۇنداق ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا يېتىشكەنلەر: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان» دەيدۇ. بۇنىڭدىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا نەسىھەت ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ساڭا بۇ كىتابنى نازىل قىلدى. ئۇنىڭ بىر قىسمى مۇھكەم ئايەتلەردۇر[1]. ئۇلار كىتابنىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىر قىسمى بولسا مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر[2]. قەلبلىرىدە ئەگرىلىك بار كىشىلەر ئۇنىڭ مۇتەشابىھ بولغانلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پىتنە چىقىرىش ۋە ئۇلارنى تەئۋىل[3] قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تەئۋىلىنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقان كىشىلەر: «بىز بۇنىڭغا ئىمان كەلتۈردۇق، ھەممىسى رەببىمىز تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان» دەيدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى تونۇپ يېتەلەيدۇ[4]. — ئەنەس ئالىم
«ئىخچام ۋە ئېنىق ئايەتلەر» - مەسىلىنىڭ ئاساسىنى ئىخچام ۋە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەتلەردۇر. «ئوخشاشقۇچى ئايەتلەر» - مەنە جەھەتتىن ئىخچام ۋە ئېنىق ئايەتلەرگە ئوخشايدىغان، ئۇلارنى تەپسىر قىلىدىغان ئايەتلەردۇر. ئاللاھ تائالا ئايەتلەرنىڭ ئارىسىغا مەنە جەھەتتىن ئوخشاشلىق ئورنىتىپ، ئۇلارنى بىر - بىرىنى بايان قىلىدىغان ھالەتتە نازىل قىلغان. ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتنى تېپىپ چۈشىنىش ئاللاھنىڭ مۇناسىۋەتلەندۈرۈشىگە بويسۇنغانلىقتۇر، ئىلىمدە مۇستەھكەم بولغان ئالىملار: «ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى، بىز ھەممىسىگە ئوخشاش ئىشەندۇق» دەپ ھەر ئىككى تۈرلۈك ئايەتنى بىرلىكتە چۈشىنىدۇ. ئايەتلەرنى مەزكۇر مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلماي ئۆزى چاغلاپ چۈشىنىش، فىتنە ئىزدىگەنلىك ۋە ئايەتنى ئۆز رايىغا بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ قەلبىدە ئەگرىلىك بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن — مۇھەممەد سالىھ
«ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىلىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن بەكمۇ ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن قەلبلىرىمىزنى بۇرىۋەتمىگىن. بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. سەن ناھايىتى كۆپ بېغىشلىغۇچىسەن. — ئەنەس ئالىم
(8-9) ئالدىنقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئايەتلەرگە ئىشىنىشتە مۇتلەق تەسلىم بولۇش پوزىتسىيەسىنى كۆرسەتكەن ئالىملار مەدھىيەلىنىدۇ . بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ سەمىمىي ئۆتۈنۈشلىرى زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ھىدايەت تېپىشنىڭمۇ، ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى (توغرا يولنى كۆرسىتىشى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى) بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن قولدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھقا يۇقىرىدىكى شەكىلدە دۇئا قىلىش كېرەكلىكى ئۆگىتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
رَبَّنَا إِنَّكَ جَامِعُ النَّاسِ لِيَوْمٍ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئى رەببىمىز! سەن شەكسىز كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىمىز! سەن ئىنسانلارنى چوقۇم كېلىدىغان كۈندە بىر يەرگە يىغقۇچىسەن. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَنْ تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ وَقُودُ النَّارِ
كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار) دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
كافىرلارنىڭ پۇل-ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخنىڭ يېقىلغۇسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتىكى «كافىرلار» كەلىمىسى ئومۇمىي ئۇقۇم بولۇپ، ئەھلى كىتاب كافىرلىرى، كوممۇنىست، ئاتېئىست، مۇشرىك، مۇنافىق ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان بارلىق ئىنكارچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلىرى ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، چۈنكى مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقا بىرەر سىناق بولۇپ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا پەقەت ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ئەسقاتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بۇ ھەقىقەتنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازانى بايان قىلىدۇ. ئۇ جازا ئۇلارنىڭ دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 11-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ھالاك قىلىنغان قەۋملەر تارىختىن ساۋاقلار پىرئەۋن ۋە گۇرۇھىكَدَأْبِ آلِ فِرْعَوْنَ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ شَدِيدُ الْعِقَابِ
(بۇ كۇففارلارنىڭ ھالى) پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ھالى پىرئەۋن تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئەھۋالى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن جازالىدى. ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئازغۇن قەۋملەرنىڭ (نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىنىڭ) ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان، ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ھەددىدىن ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە پەرقلىق بالا ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لِلَّذِينَ كَفَرُوا سَتُغْلَبُونَ وَتُحْشَرُونَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ ۚ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!» — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارغا: «يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە جەھەننەمگە ھەيدىلىسىلەر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!» دېگىن. — ئەنەس ئالىم
(12-13) ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە مۇئمىنلارغا دۇنيادا نۇسرەت، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، كافىرلارنى دۇنيادا مەغلۇبىيەتكە، ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەردىن بولۇپ، مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! يېقىندا (يەنى دۇنيادا) مەغلۇپ بولىسىلەر، ئاخىرەتتە دوزاخقا توپلىنىسىلەر. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!. ئى كافىرلار! سىلەر ئۈچۈن «بەدىر»دە توقۇنۇشقان ئىككى گۇرۇھتا ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى غالىب، كافىرلارنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنىڭ ئاشكارا دەلىلى بار: ئۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشىدىغان مۇئمىنلار گۇرۇھى ئىدى، يەنە بىرى شەيتان يولىدا ئۇرۇشىدىغان كافىرلار گۇرۇھى ئىدى. مۇئمىنلار كافىرلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدەك كۆرەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. بولۇپ - ئۆتكەن ھادىسىلەرگە دىققەت بىلەن قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمەتلىرىنى كۆرەلەيدىغان كىشىلەر ئەنە شۇ «بەدر غازىتى»دىكى ئىككى قوشۇن توقۇنۇشىدىنمۇ ئىبرەت ئالالايدۇ». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارغا سەۋرلىك يۈز مۇئمىننىڭ ئىككى يۈز كافىرنى، مىڭ مۇئمىننىڭ ئىككى مىڭ كافىرنى يېڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەگەر بۇ قېتىم مۇئمىنلار كافىرلارنى ئۆز پېتى كۆرگەن بولسا ئىدى، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جاسارەت قىلالمايتى ۋە ئۆزئارا تالاش - تارتىش قىلىشاتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارغا كافىرلارنى ئەسلى سانىدىن ئاز مىقداردا كۆرسەتتى، يەنى مىڭ ئەتراپىدىكى كافىرنى ئالتە يۈز (600) ئەتراپىدا كۆرسەتتى. دەرۋەقە «بەدىر غازىتى»دا مۇئمىنلارنىڭ سانى ئۈچ يۈز ئون نەچچە، كافىرلارنىڭ سانى مىڭ ئۈچ يۈز ئىدى، يەنى مۇئمىنلارنىڭ سانى كافىرلارنىڭ سانىنىڭ تۆتتە بىرىدىنمۇ ئاز ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارغا كافىرلارنى ئاز كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جاسارەتلەندۈردى، شۇنداقلا غالىب قىلدى. كافىرلارنى بولسا مەغلۇپ قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَدْ كَانَ لَكُمْ آيَةٌ فِي فِئَتَيْنِ الْتَقَتَا ۖ فِئَةٌ تُقَاتِلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَأُخْرَىٰ كَافِرَةٌ يَرَوْنَهُمْ مِثْلَيْهِمْ رَأْيَ الْعَيْنِ ۚ وَاللَّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصْرِهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِأُولِي الْأَبْصَارِ
(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر ئوپئوچۇق كۆرگەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر (يەنى ئاللاھ كاپىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن، كاپىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى). ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار — مۇھەممەد سالىھ
(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنى بىرى كۆزىگە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر كۆرۈنۈپ كەتكەن كافىرلار گۇرۇھىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى
توقۇنۇشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئايەت بار[5]. بىر گۇرۇھ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشاتتى، يەنە بىرى بولسا كافىر ئىدى. ئۇلار قارشى تەرەپنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدەك كۆرەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىپ قوللايدۇ. ئەنە شۇ ۋەقەدە ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەرگە ئىبرەت بار. — ئەنەس ئالىم
-
زُيِّنَ لِلنَّاسِ حُبُّ الشَّهَوَاتِ مِنَ النِّسَاءِ وَالْبَنِينَ وَالْقَنَاطِيرِ الْمُقَنْطَرَةِ مِنَ الذَّهَبِ وَالْفِضَّةِ وَالْخَيْلِ الْمُسَوَّمَةِ وَالْأَنْعَامِ وَالْحَرْثِ ۗ ذَٰلِكَ مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الْمَآبِ
ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر (شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك) — مۇھەممەد سالىھ
ئاياللار، ئوغۇللار، يېغىپ توپلانغان ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان شەيئىلەردۇر؛ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بولسا ياخشىلار قايتىدىغان گۈزەل جاي باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاياللار، ئوغۇللار، توپلانغان كۆپ ئالتۇن - كۈمۈشلەر، ئارغىماقلار، تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەر[6] ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت جازىبىلىك نەرسىلەرگە مەپتۇن بولۇش ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولسا ئەبەدىي ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرى بار. — ئەنەس ئالىم
بۇ يەردە «تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «ئەنئام - أنعام»دۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ 6 - سۈرىسى بۇ كەلىمە بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇ سۈرىنىڭ 142 -، 143 - ۋە 144 - ئايەتلىرى «ئەنئام»نىڭ يۇقىرىدىكى مەنىسىنى بايان قىلىدۇ. 22 - سۈرە (ھەج)نىڭ 28 -، 34 - ۋە 36 - ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانمۇ مۇشۇ ئەنئام تۈرى ھايۋانلاردىن بولۇشى شەرت. ئۇيغۇرچىدىكى چارۋا دېگەن سۆز ئات، كالا، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنى ئىپادىلەيدۇ. «چارپاي»نىڭ مەنىسى تۆت پۇتلۇق، «ھايۋان»نىڭ مەنىسى جانلىق دېگەن بولىدۇ. دېمەككى، «چارۋا»نىڭ ئىچىدە ئات بار، تۆگە يوق، «چارپاي»نىڭ ئىچىدە بارلىق تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار بار، «ھايۋان»نىڭ ئىچىدە پۈتكۈل جانلىقلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ «ئەنئام» دېگەن سۆزنى «چارۋا، چارپاي، ھايۋان» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلىش مەزكۇر كەلىمىنىڭ مەنىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. شۇڭا بىز بۇ كەلىمىنى قۇرئان كەرىمدە ئۆتكەن ھەر ئايەتتە «تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە» دەپ تەرجىمە قىلدۇق. ئاللاھ تائالا زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن زېمىننىڭ زىننىتى قىلغان. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇ زىننەتنى تۆۋەندىكى ئالتە تۈردە يىغىنچاقلايدۇ: 1) ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللار، ئاياللار ئۈچۈن ئەرلەر، 2) بالىلار، 3) پۇل - ماللار، 4) ئارغىماقلار، 5) تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر، 6) ئېكىنلەر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، زېمىننىڭ زىننىتى ئاساسەن مۇشۇلار بولۇپ، ئۇلار زاماننىڭ ياكى ماكاننىڭ ۋە ياكى قەۋملەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئايەتتە ئۇ نېمەتلەرنىڭ يامان نەرسىلەر ئىكەنلىكى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىرەر سىناق ۋاسىتىسى ئىكەنلىكى، ئۇلارغىلا بېرىلىپ ياشاشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇلاردىن يول قويۇلغان دائىرىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقى، ئىنساننىڭ ئاساسلىق غايىسىنىڭ ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەت بولۇشىنىڭ لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ تائالا سىناش ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن تەبىئىي تۇيغۇدۇر. بۇ تۇيغۇ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئاخىرەت سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىشقا توسالغۇ بولمىسىلا ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇنى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئۈچ ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلگەن نەرسىلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا ئەبەدىي ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 15 ~ 17 - ئايەتلەردە بولسا ئۇ گۈزەللىكلەرنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئېرىشىدىغان كىشىلەرنى تونۇتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَؤُنَبِّئُكُمْ بِخَيْرٍ مِنْ ذَٰلِكُمْ ۚ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَأَزْوَاجٌ مُطَهَّرَةٌ وَرِضْوَانٌ مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رىزاسى بار». ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە يۇقىرىقىلاردىنمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، جەننەتلەردە پاك جۈپتىلەردىن ۋە ئاللاھنىڭ رىزالىقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ». ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئۇلاردىنمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن[7] جۈپلەر ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى بار. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئەنە شۇ جازىبىلىك نەرسىلەردىن ياخشى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن پايدىلىق ۋە ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلارغا قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتتە مەڭگۈ ياشايدۇ ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ ئۇلارغا پاك - پاكىز جورىلارنى بېرىدۇ ۋە ئۇلاردىن رازى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئاللاھ، بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ؛ بارلىق ئىنسانلارنىڭ نىيەت، سىر، سۆز - ھەرىكەت ۋە ئەمەللىرى ئاللاھقا ئايان بولغانلىقى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ھەر كىشىنى ئۆز قىلمىشى بىلەن لايىق بولغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا إِنَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇ تەقۋادارلار: «ئى رەببىمىز! بىز شۈبھىسىز ساڭا ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى: «رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(16-17) قىيامەت كۈنى ئۇ گۈزەللىكلەرگە يەنى جەننەنكە ۋە جەننەتتىكى ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىدىغان كىشىلەر، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاللاھنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈشىنى تىلى ۋە پېئىلى بىلەن تىلىگۈچى كىشىلەردۇر، يەنى ئۇلار ئاللاھقا تىلىدا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىش ۋە گۇناھلاردىن ساقلىنىش يولىدا كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىدىغان، سۆز - ھەرىكەت ۋە نىيەتلىرىدە سەمىمىي بولغان، ئاللاھقا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىدىغان، ئاللاھ يولىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ماددىي - مەنىۋى چىقىملارنى قىلىدىغان، يەنىلا ئۆزىنى ئىبادەتتە تۆۋەن ۋە يېتەرسىز كۆرۈپ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سەھەر ۋاقىتلىرىدا ئىستىغپار ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 17-ئايەت) سەۋر راستچىللىق تۆۋە-ئىستىغپار ئاللاھ يولىدا خەجلەش كېچە ئىبادىتى سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەشالصَّابِرِينَ وَالصَّادِقِينَ وَالْقَانِتِينَ وَالْمُنْفِقِينَ وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ
ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ تەقۋادارلار سەۋر قىلغۇچى، راست سۆزلىگۈچى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى، پۇل -ماللىرىدىن ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغۇچى ۋە تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگۈچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئادىللىقنى يۈرگۈزگەن ھالدا ئۆزىدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى، پەرىشتىلەر ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. پەرىشتىلەر بىلەن ھەققانىيەتچى ئىلىم ئىگىلىرىمۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالانىڭ، ئىلاھلىقتا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشى، دىنىي ھۆكۈملەرنى ئادالەت بىلەن قويۇش ۋە تەبىئەت قانۇنلىرىنى ئادالەت بىلەن بېكىتىش ئارقىلىق بولغان. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلامنى توغرا ئېتىقاد، ياخشى ئىبادەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە دۇرۇس مۇئامىلە قاتارلىقلاردىن شەكىللەندۈرۈشى ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىدۇر. شۇنىڭدەك، كائىنات ۋە تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىنى ئۆزىگە يارىشىدىغان شەكىلدە يارىتىشى، ھەر نەرسىگە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىنى لايىق رەۋىشتە ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مۇۋاپىق ۋەزىپىگە بەلگىلىشى، ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىدۇر. شۇڭلاشقا دىنىي ھۆكۈملەرگە ۋە تەبىئەت قانۇنلىرىغا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىنى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ بۇ ئادالەتنى تىكلەش ئارقىلىق ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى «مىزان» ئەنە شۇ ئادالەتنى كۆرسىتىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا دائىر گۇۋاھلىق بېرىش شەكلى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ھېچ ئاسىيلىق قىلماسلىقتۇر. ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىگە كەلسەك، بۇ يەردىكى ئىلىم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرىدىكى ئىلىمنى ۋە كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىشنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭلاشقا ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش شەكلى، ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىگە ئەمەل قىلىش، باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ھەقنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ ۗ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۗ وَمَنْ يَكْفُرْ بِآيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى). كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئارىلىرىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. كىم ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ھېسابنى ناھايىتى تېز ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ يۇقىرىدىكى 18 - ئايەتكىچە، ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكى، ئىبادەتنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن تارىخ بويىچە كىتاب نازىل قىلىنغانلىقى، نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ جازاسى، ئەمەل قىلغانلارنىڭ مۇكاپاتى ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ (19 -) ئايەتتە بولسا، يەككە - يېگانە ئىلاھ بولغان ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇشنىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا بىردىنبىر «دىن» ئىكەنلىكى ۋە بۇ دىننى پۈتۈن ئىلاھىي كىتابلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئىختىلاپىنىڭ سەۋەبى بايان قىلىنىدۇ، ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلار ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 20-ئايەت) ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش كىتاب ئەھلى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر ئاللاھقا ئىتائەتفَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُلْ لِلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۇممىيلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە بىلىمسىزلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتسا، ئۇ ھالدا، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلا بار، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن دەتالاش قىلىشسا، ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇردى». كىتاب بېرىلگەنلەر بىلەن ئۇممىيلارغا: «ئىسلامنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، توغرا يولغا كىرگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
يۇقىرىدا «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق». دېگەن ھەقىقەت ۋە ئۇنىڭ دەلىللىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ھەقىقەت توغرۇلۇق مۇنازىرىگە كىرىشكەنلەرگە بېرىلىدىغان جاۋاب ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئەمەلىيەت ئەنە شۇنداق ئوچۇق - ئاشكارا تۇرۇقلۇق ئەھلى كىتاب ياكى مۇشرىكلار سەن بىلەن يەنىلا ئۇ ھەقىقەت توغرىسىدا مۇنازىرىلەشسە، ئۇلارغا دەلىللەرنى تەكرارلاشنىڭ ياكى باشقا دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارغا بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەڭنى بىلدۈرۈش، مەيدانىڭنى ئېلان قىلىش ۋە مەۋقەيىڭنى ئۇقتۇرۇش كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىردىنبىر «دىن» بولغان ئىسلامنى قوبۇل قىلسا ھىدايەت تاپقان بولىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلمىسا، بۇنىڭدىن سەن جاۋابكار ئەمەس، چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 21-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئادالەتسىزلىك زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىإِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلارنى ئۆلتۈرىدىغان كىشىلەرگە چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولىدىغان، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
(21-22) ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈپ بويسۇنۇش پەرزدۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئەگىشىش، شۇنداقلا ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلەش پەرزدۇر. ئادالەتكە بويرۇغان كىشىلەرگە ئىتائەت قىلىشمۇ پەرزدۇر. ئەنە شۇ پەرزلەرنى ئادا قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىش، پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئادالەتكە بۇيرۇغانلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەھشىيانە جىنايەت ۋە قەبىھ گۇناھتۇر. ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلار بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئادالەتكە بۇيرۇغانلارنى ئۆلتۈرگەن ئىدى، ئىنجىل بىلەن قۇرئاننى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلار يەنىلا بۇ ئىككى ئىلاھىي كىتابنى ئىنكار قىلماقتىدۇر، ھەتتا ئۆزىنىڭ كىتابى بولغان تەۋراتنىڭ بىر قىسمىنى ئىنكار قىلماقتىدۇر. خىرىستىيانلار قۇرئاننى ئىنكار قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ، بۇلارمۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان ئىنجىلنىڭ تەۋھىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە قۇرئاننىڭ بېشارىتىنى بەرگەن، شۇنداقلا ئۇلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە ئەمر قىلغان ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ ئايەتلەردە بۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ گۇناھلارنى قىلغانلارغا بېرىلىدىغان جازا بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
ئەنە شۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار دۇنيادىمۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەنلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يُدْعَوْنَ إِلَىٰ كِتَابِ اللَّهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِنْهُمْ وَهُمْ مُعْرِضُونَ
كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدا) ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن) — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) تەۋرات بىلىملىرىدىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسىلا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا، ئىچىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۇلار داۋاملىق يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
(23-25) يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ھەر بىرى ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئۆزلىرىنىڭلا توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى، جەننەتكە ئۆزلىرىنىڭلا كىرىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بالىلىرى ۋە دوستلىرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلاتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرغان بۇ ئويدۇرمىلارغا ئۆزلىرى ئالدانغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى ئىلاھىي كىتابلار (تەۋرات ۋە ئىنجىل) ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنىڭ بەزىسىگە بويسۇنمايتتى، ھەتتا ئۇ ئايەتلەرنى يوشۇراتتى، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى بېشارەت بەرگەن ئايەتلەرگە بويسۇنمايتتى ۋە ئۇلارنى يوشۇراتتى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرۇلۇق ياكى بىرەر دىنىي ھۆكۈم توغرۇلۇق قىلىنغان مۇنازىرىدە ئاللاھنىڭ كىتابىغا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ ئەسكى ئۆلىمالىرى قوبۇل قىلمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى نادانلىرى ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشەتتى، شۇنداقلا ھەقتىن يۈز ئۆرۈيتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئۈچ (23 ~ 25 -) ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى، بۇ قىلمىشىنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئى مۇئمىن! ئىلاھىي كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالىغا قارىغىن، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى ئىككى كىتاب (تەۋرات ۋە ئىنجىل)نى چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرقى پەيغەمبەر توغرىسىدىكى دەتالاشتا ئۇ كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان قىلىق ۋە نېمىدېگەن قەبىھلىك! ئۇلارنى بۇ يامان قىلىققا ۋە قەبىھلىككە ئۆزلىرىنىڭ: «بىز دوزاختا بىرقانچە كۈنلا كۆيۈمىز» دېگەن ئېتىقادى ۋە ئۆزلىرى دىندا ئويدۇرغان ئويدۇرمىلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشى ئېلىپ بارغان. ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆز ئىچىدىكى ئادالەت دەۋەتچىلىرىنىمۇ ئۆلتۈرگەن ئۇ كافىرلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار ئېتىقاد قىلغان بويىچىمۇ ياكى ئاللاھ ئۆز كىتابلىرىدا بىلدۈرگەن بويىچىمۇ؟ ئاللاھ ئۆز كىتابلىرىدا بىلدۈرگەن بويىچە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكىچە: «ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، ھېچكىمگە ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَنْ تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَعْدُودَاتٍ ۖ وَغَرَّهُمْ فِي دِينِهِمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
بۇ ئۇلارنىڭ «دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا (يەنى موزايغا چوقۇنغان 40 كۈنلۈك ۋاقىتلا) كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكلىرى ۋە دىنىي جەھەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئۇلارنىڭ «دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا (يەنى موزايغا چوقۇنغان قىرىق كۈن ۋاقىتلا) كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكىدىن ۋە دىنىي جەھەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقىدىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئۇلارنىڭ: «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيىمىز» دېگەنلىكى ۋە دىنى ئىشلىرىدا ئۆزلىرى ئويدۇرغان ئويدۇرمىلارغا ئۆزلىرى ئالدانغانلىقى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
فَكَيْفَ إِذَا جَمَعْنَاهُمْ لِيَوْمٍ لَا رَيْبَ فِيهِ وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنى توپلايمىز، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا (ئازابنى زىيادە قىلىۋېتىش ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن) زۇلۇم قىلىنمايدىغان شۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
شەكسىز كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە بىز ئۇلارنى توپلايدىغان، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى قىلچە ئۇۋال قىلىنماي تولۇق بېرىلىدىغان چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنى چوقۇم كېلىدىغان كۈندە بىر يەرگە توپلىغان ۋە ھەر كىشىگە زۇلۇم قىلىنماستىن ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا - مۇكاپاتى تولۇق بېرىلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟ — ئەنەس ئالىم
-
قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ ۖ بِيَدِكَ الْخَيْرُ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئېيتقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتىقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! سەن خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئى ئاللاھ! ئى پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى! سەن پادىشاھلىقنى ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە بېرىسەن، پادىشاھلىقنى ئۆزۈڭ خالىغان كىشىدىن تارتىۋالىسەن. ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى خار قىلىسەن. ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن. — ئەنەس ئالىم
(26-27) بۇ ئىككى ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ قىلىدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئىشلارنى، ئاللاھ تائالادىن غەيرىي قىلالمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق مەخلۇقاتنى يارىتىش، لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقۇرۇشتا (پادىشاھلىقتا) شېرىكى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە پۈتۈن مۇئمىنلارغا ئەنە شۇ ئىشلارنى ئاللاھ تائالانىڭ قىلىدىغانلىقىنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئېيتىش بىلەن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشى ئۆگىتىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا كەلگۈسى ھەققىدە بېشارەت بېرىلىدۇ. باتىل ئەھلىگە، ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَتُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ ۖ وَتُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَتُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ ۖ وَتَرْزُقُ مَنْ تَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن، (شۇنىڭ بىلەن كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن» — مۇھەممەد سالىھ
كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىسەن. تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىسەن، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىسەن. ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن». — ئەنەس ئالىم
-
لَا يَتَّخِذِ الْمُؤْمِنُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَلَيْسَ مِنَ اللَّهِ فِي شَيْءٍ إِلَّا أَنْ تَتَّقُوا مِنْهُمْ تُقَاةً ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّهُ نَفْسَهُ ۗ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ
مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتمىسۇن. ئۇلاردىن قورقۇپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى قويۇپ كافىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھتىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۈتمىسۇن، سىلەرنىڭ ئۇلاردىن قورقۇپ (كۆرۈنۈشتە) دوست بولۇشۇڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىنلار مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالمىسۇن[8]. كىم شۇنداق قىلىدىكەن، ئاللاھتىن ھېچبىر ياخشىلىق كۈتمىسۇن. لېكىن ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلساڭلار بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن قورقۇتىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە مۇئمىنلارنى يەھۇدىي، ناسارا، مۇشرىك ۋە باشقا بارلىق كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتىن توسىدۇ. «ۋەلىي»- ياردەمچى، ھىمايىچى، دوست دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلار ئۆزىنىڭ مۇئمىن قېرىنداشلىرىنى قويۇپ كافىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ھامىيسى قىلىۋالمىسۇن، مۇئمىن قېرىنداشلىرىغا قارشى ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتمىسۇن ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزمىسۇن، مۇئمىن قېرىنداشلىرىغا قارشى ئۇلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىمىسۇن، ئۇلارنىڭ دىنىغا رازىلىق كۆرسەتمىسۇن. كىم مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ، چۈنكى بۇ تەقدىردە ئۇمۇ كافىر ۋە مۇرتەت بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن كافىرلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشايدىغان ئاجىز مۇئمىنلار، ئۇ كافىرلارغا ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا ۋە ئادەتتىكى بەزى ئىشلارنى (ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى ساقلاپ قېلىش، مەسىلەن: توي - تۈكۈنگە چاقىرىپ قويۇش، ئۇلار چاقىرسا بېرىش، ھېيت - بايراملاردا يوقلاش، پارىخورلۇققا كىرىپ قالمايدىغان شەكىلدە ھەدىيە بېرىش دېگەندەك ئىشلارنى) قىلىش بىلەن دوستلۇق ئىزھار قىلىپ قويۇپ، ھەتتا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا (قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇش شەرتى بىلەن) ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا كۇفۇر سۆزنى قىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانسا بولىدۇ. مەسىلە ناھايىتى ئىنچىكە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ رۇخسەتتىن كېيىن «ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان چارىسىز مۇئمىنلارغا بېرىلگەن بۇ چەكلىك رۇخسەتنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنماسلىقى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئىككى ئايەتنىڭ مەزمۇنىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنْ تُخْفُوا مَا فِي صُدُورِكُمْ أَوْ تُبْدُوهُ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَيَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «دىلىڭلاردىكىنى يوشۇرساڭلارمۇ ياكى ئاشكارا قىلساڭلارمۇ، ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر». — ئەنەس ئالىم
(29-30) بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى چەكسىز ۋە قۇدرىتى ئۇلۇغ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەر ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدىغانلىقى ۋە يامان قىلمىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ، ئالدىنقى ئايەتتە بايان قىلىنغان چەكلىمىگە رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە رۇخسەتنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنماسلىقى لازىملىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىنىڭ تەكرارلىنىشىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ، بەندىلىرىگە شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزىدىن (غەزىپى ۋە ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغانلىقىنىڭ ئۇلارغا شەپقەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِنْ سُوءٍ تَوَدُّ لَوْ أَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ أَمَدًا بَعِيدًا ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّهُ نَفْسَهُ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت كۈنىدە ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، ئۇلار (يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كۈن كېلىدۇ، ھەر كىم ياخشى - يامان قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا كۆرىدۇ ۋە يامانلىقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 31-ئايەت) ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت تۆۋە-ئىستىغپار رەسۇلغا ئەگىشىش ئاللاھقا ئىتائەتقُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
(31-32) «ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش» ئېغىزدىكى دەۋا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئەمەلىيەت ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتۇر، چۈنكى «كىم رەسۇلۇللاھقا ئەگەشسە چوقۇم ئاللاھقا ئەگەشكەن بولىدۇ»، شۇنداقلا ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھنى سۆيىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان، لېكىن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشمەيدىغان كىشى يالغانچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، ئاللاھ تائالانىڭ سۆيگۈسى ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىشنىڭ شەرتى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگەشمەسلىك ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى ئايەتتە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىشقا ئەمر بېرىلگەندىن كېيىن ئىتائەتتىن باش تارتقانلارنىڭ كافىر بولۇپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىتائەت قىلىشنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە: 1) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبلىغىگە ئىتائەت قىلىش. تەبلىغ - ئىنسانلارغا ئايەتلەرنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىش ۋە قانداق ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىش، ئۇلارنى ئەمەلىي جەھەتتىن بۇزۇق ئەقىدە، يامان ئەمەل ۋە ناچار ئىللەتلەردىن پاكلىنىشقا، ئىلمىي جەھەتتىن جاھالەت، ئازغۇنلۇق ۋە مەنىۋى كورلۇقتىن پاكلىنىشقا يېتەكلەش، كىتابنىڭ ھۆكۈم ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگىتىش، ئۇلار نېمىنى بىلمەيدىغان بولسا، ئۇلارغا كىتاب ئارقىلىق شۇنى ئۆگىتىش قاتارلىقلاردۇر، چۈنكى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى تەبلىغ، مۇئمىنلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىتائەتتۇر. 2) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئانغا باشتا ئۆزى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا بۇيرۇلغان. مۇئمىنلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشتا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن مۇئمىنلارغا ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ
ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتسا، ئاللاھ بۇنداق كافىرلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ كافىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىگە ئۈستۈن قىلىپ تاللىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى[9]، نۇھنى[10]، ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىنى[11] ۋە ئىمراننىڭ ئائىلىسىنى[12] تاللاپ ئالەملەردىن ئۈستۈن قىلدى[13]. — ئەنەس ئالىم
«ئادەم» ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن تۇنجى پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇ قۇرئان كەرىمدە «ئادەم» دېگەن ئىسمى بىلەن 25 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى مۇشۇ ئايەتتە تاللانغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلىشىدۇر. باشقا ئىككى دەلىل تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىنى، ھەۋۋا ئانىنى ۋە ئىبلىس مەلئۇننى ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەتكەندە ئۇلارغا، ئۆزى تەرەپتىن ھىدايەت كېلىدىغانلىقىنى ۋە ھىدايىتىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىبلىس قىيامەتكىچە لەنەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ھىدايەت ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كەلمەيدۇ. ئۇ ھىدايەت ھەۋۋا ئانىغىمۇ كەلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنداقتا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كېلىدىغان ھىدايەتنى ئېلىپ، ئۇنى باشتا ئۆزى ۋە ئايالى (ھەۋۋا ئانا) ئۈچۈن، كېيىنچە بالا - چاقىلىرى ئۈچۈن رەھبەر قىلىش ۋەزىپىسىگە بىرلا نامزات قالىدۇ، ئۇ بولسا ئادەم ئاتىدۇر. شۇڭا ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئادەم ئاتا ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بولۇش بىلەن بىرگە تۇنجى پەيغەمبەردۇر. 2) مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئادەم ئاتىنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ قىسسەسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ قىسسەدە ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرەردىن قۇربانلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ (ھابىلنىڭ) يەنە بىرىگە (قابىلگە) ئېيتقان ياخشى سۆزلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۇ ياخشى سۆزلەرنى ئېيتىشى پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتى بىلەن بولىدىغان ئىشلاردۇر. «نۇھ» ئاللاھ تائالانىڭ بىر پەيغەمبىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىسمى قۇرئان كەرىمدە 43 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ ۋە 71 - سۈرە «نۇھ سۈرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام تەبلىغ يولىدا سەۋرچانلىق كۆرسىتىشتە ئۈلگە بولۇپ،. قەۋمىنىڭ ئىچىدە 950 يىل تۇرۇپ نەسىھەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. «ئىبراھىم» ئۆزى پەيغەمبەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئىككى ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئىسھاق، نەۋرىسى يەئقۇب پەيغەمبەر ئىدى، نەسلىدىن كۆپ پەيغەمبەر چىققان ئىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنى نۇھ بىلەن ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە بەرگەن بولسىمۇ، بۇنى نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە بەرگەن، چۈنكى ئىبراھىمنىڭ نەسلى ھەم نۇھنىڭ نەسلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ. «ئىبراھىم» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە 63 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. 14 - سۈرە «ئىبراھىم سۈرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. «ئىمران» بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ، ئايالى قورسىقىدىكى بالىسىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىۋەتكەن. ئۇ بالا قىز تۇغۇلۇپ، ئاللاھ ئۇ قىزنى ئاتىسىز، مۆجىزە بالا تۇغۇش ئۈچۈن تاللىغان ۋە تۇغقان مۆجىزە بالىسىنى (ئىيسانى) پەيغەمبەر قىلغان. قۇرئان كەرىمنىڭ 3 - سۈرىسى «ئال ئىمران سۈرىسى»، 19 - سۈرىسى ئىمراننىڭ ھېلىقى قىزىنىڭ ئىسمى بىلەن «مەريەم سۈرىسى» دەپ ئاتالغان. قۇرئان كەرىمدە ئىمران ئۈچ قېتىم، قىزى مەريەم 31 قېتىم، نەۋرىسى ئىيسا 25 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. ئىمراننىڭ ئائىلىسى ئەنە شۇ ئىلاھىي ئىلتىپاتلارغا ئېرىشكەن. ئايەتتىكى «ئۇلارنى تاللاپ زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلىش»- ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىش، نەسلىدىن پەيغەمبەر چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەرىشتىلەردىنمۇ، ئىنسانلاردىمۇ ئەلچىلەر تاللايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.. مۇناسىۋەتلىك ئايەتتىكى «تاللاش» مەنىسىدىكى كەلىمە بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتتە «تاللاش» مەنىسىدە كەلگەن كەلىمە «ئىستىفا - اصطفاء» تۈپ سۆزىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذُرِّيَّةً بَعْضُهَا مِنْ بَعْضٍ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىر - بىرى بىلەن نەسىلداشتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم ۋە ئىمراننىڭ ئائىلىلىرى بىر - بىرى بىلەن نەسىلداش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. يەنى ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىمراننىڭ ئائىلىسىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىر - بىرى بىلەن نەسىلداشتۇر، ئىككىلىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن، شۇنداقلا پەيغەمبەردۇر. يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلگەن باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىپ، بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىشى ئەقىلسىزلىك، مەنتىقسىزلىق ۋە كۇفرىلىقتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى پەيغەمبەرگە چاپلىغان تۆھمەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا قارشى قىلغان قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. دەرۋەقە يەھۇدىيلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەن، ناسارالار ھۆرمەت قىلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ۋە پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەن. ھەر ئىككى پىرقە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەن ۋە ھەققىدە ناشايان سۆزلەرنى قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَتِ امْرَأَتُ عِمْرَانَ رَبِّ إِنِّي نَذَرْتُ لَكَ مَا فِي بَطْنِي مُحَرَّرًا فَتَقَبَّلْ مِنِّي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى: «ئى رەببىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى خالىس ساڭا ئاتىدىم، بۇنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن» دېگەن ئىدى. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى: «رەببىم! قورسىقىمدىكى بالامنى ئازاد قىلىنغان ھالدا ساڭا نەزىر قىلدىم، نەزىرىمنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
(35-37) ئىمران بەنى ئىسرائىلنىڭ ياخشى ئۆلىمالىرىدىن بىرى ۋە ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئاتىسى بولۇپ، قىزى مەريەم تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ كىشىنىڭ (ئىمراننىڭ) ئايالى، قىزى مەريەمگە ھامىلىدار چېغىدا، تېخى تۇغۇلمىغان بالىسىنى «ئوغۇل تۇغارمەن» دەپ ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ يولىغا ئاتىۋەتكەن (نەزىر قىلغان). بالا قىز تۇغۇلغان چاغدا، «قىز بالا دېگەن ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئۇيغۇن بولمايدۇ» دېگەن چۈشەنچە بىلەن ئېچىنغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، لېكىن يەنىلا ئاللاھ تائالاغا بەرگەن ئەھدىسى بويىچە ئۇنى ئىبادەتخانىغا (بەيتىلمەقدىسكە) ئاپىرىپ بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئۇ نەزىرنى قوبۇل قىلىپ، بېقىشقا زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنى مەسئۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مەريەم ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا تۇتاش بىر ھۇجرا سېلىپ، ئۇنى شۇ ھۇجرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ھەزرىتى مەريەم زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىمايىسىدە شۇ ھۇجرىدا يېتىپ - قوپۇپ ئىبادەتخانىدا ياخشى ئۆسۈپ يېتىلگەن. بۇ ئۈچ (35 ~ 37 -) ئايەتتە ئەنە شۇ ئىشلار بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا وَضَعَتْهَا قَالَتْ رَبِّ إِنِّي وَضَعْتُهَا أُنْثَىٰ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا وَضَعَتْ وَلَيْسَ الذَّكَرُ كَالْأُنْثَىٰ ۖ وَإِنِّي سَمَّيْتُهَا مَرْيَمَ وَإِنِّي أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ
ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. (ئۇ تەلەپ قىلغان) ئوغۇل، (ئاتا قىلىنغان) قىزغا ئوخشاش ئەمەس، (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى رەببىم! مەن قىز تۇغۇپ قالدىم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ تەلەپ قىلغان ئوغۇل بىلەن بۇ قىز ئوخشاش ئەمەس (يەنى بۇ قىز ئەۋزەلدۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنىڭغا مەريەم دەپ ئات قويدۇم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئايال قىزىنى تۇغقاندا: «رەببىم! بۇنى قىز تۇغدۇم» - ئاللاھ ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ - «ئوغۇل قىزغا ئوخشاش ئەمەس. مەن بۇنىڭ ئىسمىنى مەريەم قويدۇم. رەببىم! سەن بۇنى ۋە بۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۆز پاناھىڭغا ئېلىپ، قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىغىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٍ وَأَنْبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّا ۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيْهَا زَكَرِيَّا الْمِحْرَابَ وَجَدَ عِنْدَهَا رِزْقًا ۖ قَالَ يَا مَرْيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَا ۖ قَالَتْ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ إِنَّ اللَّهَ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنى پەرۋەردىگارى ياخشى رەۋىشتە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنى تەربىيەلەشنى زەكەرىيياغا تاپشۇردى. زەكەرىييا ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» دەيتتى. — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن مەريەمنى رەببى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى ۋە ئۇنى بېقىشقا زەكەرىييانى مەسئۇل قىلدى. زەكەرىييا مەريەم تۇرۇۋاتقان ئىبادەتخانىغا ھەر كىرگىنىدە، ئۇنىڭ يېنىدا رىزىق كۆرۈپ: «ئى مەريەم! بۇ رىزىق ساڭا قەيەردىن كېلىدۇ؟» دەيتتى. مەريەم بولسا: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُ ۖ قَالَ رَبِّ هَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً ۖ إِنَّكَ سَمِيعُ الدُّعَاءِ
شۇ ۋاقىتتا (ئاللاھنىڭ مەريەمگە قىلغان ئىنئامىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
شۇ ۋاقىتتا (يەنى مەريەمگە بېرىلگەن كارامەتنى كۆرگەندە) زەكەرىييا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەببىم! سەن ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇ يەردە زەكەرىييا رەببىگە مۇنداق دۇئا قىلدى: «رەببىم! ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن پاك نەسىل ئاتا قىلغىن. سەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن!». — ئەنەس ئالىم
زەكەرىييا ئادىتى بويىچە بىر كۈنى مەريەمنى يوقلاپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەن چېغىدا مەريەمدىن ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن شۇ يەردە تۇرۇپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغان ۋە بالا تىلەپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ! ماڭا ئۆز ئىلتىپاتىڭ بىلەن پاك بىر نەسىل ئاتا قىلغىن. سەن دۇئايىمنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن ۋە ئىجابەت قىلىشقا قادىرسەن، يا رەب!» دۇئا قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَنَادَتْهُ الْمَلَائِكَةُ وَهُوَ قَائِمٌ يُصَلِّي فِي الْمِحْرَابِ أَنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَىٰ مُصَدِّقًا بِكَلِمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَسَيِّدًا وَحَصُورًا وَنَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: « ئاللاھ ھەقىقەتەن ساڭا ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى(ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكى) نى ئىسپاتلىغۇچى، سەييىد(يولباشچى)، پەرھىزكار ۋە سالىھ پەيغەمبەر بولىدىغان يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
زەكەرىييا ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدى: «ئاللاھ ساڭا يەھيا بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ[14]. ئۇ ئاللاھنىڭ كەلىمىسنى[15] تەستىقلىغۇچىدۇر، ئېسىلدۇر، نومۇسچاندۇر ۋە سالىھلاردىن بىر نەبىيدۇر». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ زەكەرىييانىڭ بۇ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ زەكەرىييا ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ناماز ئۆتەۋاتقان ئەسنادا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدى: «ئى زەكەرىييا! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ «بول» دېگەن سۆزى بىلەن بولىدىغان ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىدىغان، ئېسىل، نومۇسچان ۋە سالىھلاردىن بىر نەبىي بولىدىغان يەھيا بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، يەنى سېنىڭ بۇ سۈپەتتە يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغلۇڭ بولىدۇ.». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَقَدْ بَلَغَنِيَ الْكِبَرُ وَامْرَأَتِي عَاقِرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكَ اللَّهُ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ
ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىييە ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ: «ئى رەببىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇركى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
زەكەرىييا: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
زەكەرىييا پەرىشتىلەردىن بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئايالىنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكىنى ئويلىدى ۋە ئاللاھتىن ئۇ بالىنى قايسى شەكىلدە بېرىدىغانلىقىنى سوراپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ! مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولىدۇ،، يا رەب!» دېدى. ئاللاھ: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُرْ رَبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگۈچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى - تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ: «ئى رەببىم! ماڭا ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر بەلگە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە شۇكى، سەن ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن،. پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن. پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەتكىن، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
زەكەرىييا: «رەببىم! ئۇنداق بولسا ماڭا بىرەر ئالامەت بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ئىنسانلارغا ئۈچ كۈن سۆز قىلالمايسەن. لېكىن مەقسىدىڭنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايسەن. رەببىڭنى كۆپ زىكىر قىلغىن، چۈشتىن كېيىن ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
زەكەرىييا ئاللاھنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ: «ئى ئىگەم - ئاللاھ! ئۇنداق بولسا ماڭا ئايالىمنىڭ بويىدا قالغانلىقىغا بىرەر ئالامەت قىلىپ بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ سەن ساق تۇرۇقلۇق ئىنسانلارغا ئۈچ كۈن گەپ قىلالماي، مەقسىتىڭنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرۇشۇڭدۇر. رەببىڭنى كۆپ زىكىر قىلغىن، كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىدا ۋە كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى. خۇلاسە: زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئۆز ھىمايىسىىدىكى مەريەمنى ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن پات - پات كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇراتتى، ھەر كېلىشىدە ئۇنىڭ يېنىدا يېمەكلىكەر كۆرەتتى ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورايتتى، مەريەم: «ئاللاھتىن كەلدى» دەپ جاۋاب بېرەتتى. زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مۇشۇ ئادىتى بويىچە مەريەمنىڭ يېنىغا كىرىپ يەنە يېمەكلىك كۆرىدۇ، بۇ توغرۇلۇق سورايدۇ ۋە مەريەم جاۋاب بېرىدۇ. زەكەرىييا شۇ يەردە يەنى ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئىبادەتخانا ئىچىدىكى كىچىك ئۆيىدە تۇرۇپ ئاللاھقا يېلىنىپ ئۆزىگە پاك نەسىل ئاتا قىلىشىنى تىلەيدۇ. ئۇ، دۇئا ۋە ناماز بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئەسنادا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا «يەھيا» ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالىسى بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام خۇشال بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئاللاھتىن ئايالىنىڭ بۇ بالىغا ھامىلىدار قالغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر ئالامەت قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ دۇئاسىنىمۇ ئىجابەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئالامەتنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاكِ وَطَهَّرَكِ وَاصْطَفَاكِ عَلَىٰ نِسَاءِ الْعَالَمِينَ
پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئەۋزەل قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ سېنى تاللىدى، سېنى پاك قىلدى ۋە سېنى تاللاپ ئالەملەرنىڭ ئاياللىرىدىن ئۈستۈن قىلدى. — ئەنەس ئالىم
(42-43) ھەزرىتى مەريەم ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن بىر كۈنى پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى ئۇنىڭغا بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنى قىلىشى كېرەك بولغان ئىبادەتلەرگە بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ ھەزرىتى مەريەمگە ئېيتقان بۇ سۆزلىرى، «نېمەتكە شۈكۈر قىلىشنىڭ لازىملىقى، نېمەت قانچە بۈيۈك بولسا شۈكرانىسىنىڭمۇ شۈنچە بۈيۈك بولىدىغانلىقى، نېمەتنىڭ شۈكرانىسى نېمەتنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىتائەت قىلىش بىلەن ئادا بولىدىغانلىقى» قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىم نۇقتىلارغا دالالەت قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ پەرىشتىلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئۇ گەپلەرنى قىلىش شەكلى ھەققىدە تەپسىلات يوق، چۈنكى بۇ قىسسەدىن يۇقىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ تەپسىلاتىغا ئېھتىياج يوق (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ
ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل» — مۇھەممەد سالىھ
ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مەريەم! رەببىڭگە چىن كۆڭلۈڭدىن ئىتائەت قىلغىن، سەجدە قىلغىن ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلغىن». — ئەنەس ئالىم
-
ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۚ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يُلْقُونَ أَقْلَامَهُمْ أَيُّهُمْ يَكْفُلُ مَرْيَمَ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ ـ ساڭا ۋەھىي قىلىۋاتقىنىمىز ـ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسىسى تەربىيەسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە (چەك تاشلاش يۈزىسىدىن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، (مەريەمنىڭ كىمنىڭ تەربىيەسىدە بولۇشىنى) ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ - ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقىنىمىز ـ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇلار مەريەمنى تەربىيەلەشنى تالىشىپ(چەك تاشلاش شەكلىدە) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدىمۇ، ئۇلار بۇ ھەقتە ئۆز ئارا دەتالاش قىلىشقان چاغدىمۇ سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئى مۇھەممەد! ئۇنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. سەن ئۇلار مەريەمنى بېقىشقا قايسىسىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن چەك تاشلاشقاندا ۋە بۇ توغرىدا تالاش - تارتىش قىلىشقاندا ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قىسسەلەر، يەنى ئىمراننىڭ ئايالى ۋە قىزى مەريەم بىلەن، زەكەرىييا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يەھيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر غەيب خەۋەرلىرىدىن بولۇپ، ئۇلارنى ساڭا ئاللاھ ۋەھىي قىلدى. سەن ئۇ خەۋەرلەرنى ئاللاھنىڭ ساڭا ۋەھىي قىلىشى بىلەن ئۆگەندىڭ ۋە ئىنسانلارغا ئېيتىپ بەردىڭ. ئۇ خەۋەرلەرنى ئىنسانلارغا توغرا رەۋىشتە ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن يا ئۇ ئىشلار مەيدانغا كەلگەن چاغدا نەق مەيداندا ھازىر بولۇپ، جەرياننى كۆز بىلەن كۆرۈش لازىم، ياكى ھەر يەردە ھازىر ۋە ھەر ئىشقا نازىر بولغان ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى لازىم. سەن ئۇ ئىشلار مەيدانغا كەلگەندە نەق مەيداندا يوق ئىدىڭ، بۇ ھەر كىمگە مەلۇم. ئۇنداقتا، سەن ئۇ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن بىلدىڭ ۋە بايان قىلدىڭ. دېمەككى، سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى ئارقىلىق تۆرىلىدىغان بىر پەرزەنت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە يەنە مۇنداق دېدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ بىر كەلىمىسى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھتۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق بولىدۇ. ئۇ ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(45-46) مەريەم ئىبادەتخانىدا زەكەرىييا ئورۇنلاشتۇرغان ھۇجرىسىدا چوڭ بولۇپ بويىغا يەتكەن چاغدا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ «بول» دېگەن سۆزى بىلەن تۆرىلىدىغان ۋە سەندىن ئاتىسىز تۇغۇلىدىغان، «مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھ» دەپ ئاتىلىدىغان، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ھەمدە ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىن بولىدىغان، بوۋاق چېغىدىمۇ، ئوتتۇرا ياش بولغان چېغىدىمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ھەق گەپنى قىلىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بىرى بولىدىغان بىر بالاڭ بولىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَمِنَ الصَّالِحِينَ
ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدىمۇ كىشىلەرگە (ھەقىقەتنى) سۆزلەيدۇ ۋە ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىدىمۇ ئىنسانلارغا گەپ قىلىدۇ ۋە ئۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ‹ۋۇجۇدقا كەل› دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
مەريەم: «ئى رەببىم! ماڭا ھېچبىر ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا، قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ. بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، < ۋۇجۇدقا كەل > دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مەريەم: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ بالام بولسۇن؟ مەن بىلەن ھېچكىم بىر يەردە بولمىغان تۇرسا!» دېدى. ئاللاھ: «شۇنداق. لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: ‹بول› دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مەريەم پەرىشتىلەرنىڭ بۇ خۇش خەۋىرىدىن ھەيران بولۇپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەم - ئاللاھ! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟! ھالال بولسۇن ھارام بولسۇن ھېچكىم مەن بىلەن بىر يەردە بولمىغان تۇرسا؟!» دېدى. ئاللاھ مەريەمگە: «ئاللاھ خالىغىنىنى خالىغان شەكىلدە يارىتىدۇ، ئاللاھ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى پەقەت ‹بول› دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر، ئاللاھ: ‹بول› دېدىمۇ ، ئۇ نەرسە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيُعَلِّمُهُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ
ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز - ھەرىكەتتە توغرا بولۇشنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
پەرىشتىلەر مەريەمگە بالىسى توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ئۇنىڭغا يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(48-51) خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن پەرىشتىلەر مەريەمگە بالىسى توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ئۇ بالاڭغا خەت يېزىشنى، پايدىلىق ئىلىمنى، ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنىڭ مەزمۇنىنى ۋە ئۇ بالاڭغا نازىل قىلىدىغان ئىنجىلنىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ بالاڭنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاڭ ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم؛ مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا لايدىن قۇش شەكلىنى ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيمەن - دە، ئۇ نەرسە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇش بولىدۇ. مەن يەنە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۇغما كورنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى ساقايتىمەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن. مەن يەنە ئۆيلىرىڭلاردا نېمە يەيدىغانلىقىڭلار ۋە نېمە ساقلايدىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق سىلەرگە خەۋەر بېرىمەن. ئاللاھ مېنىڭ قولۇم بىلەن مەيدانغا كەلتۈرىدىغان بۇ مۆجىزىلەر، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار مېنىڭ ئاللاھ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلغان تەۋراتنىڭ ھۆكۈملىرىنى تەستىقلاش ۋە ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرى ھارام قىلغان بەزى نەرسىلەرنى ئەمدى ھالال قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مەن سىلەرنى يوقتىن ياراتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشىتىۋاتقان ئىگەڭلار - ئاللاھتىن پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئېلىپ كەلدىم. شۇڭلاشقا ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلىڭلار، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ قىلغان نەسىھەتلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ يولۇمغا كىرىڭلار. ئاللاھ مېنىڭمۇ ياراتقان ئىگەمدۇر، سىلەرنىڭمۇ ياراتقان ئىگەڭلاردۇر. ئۇنداقتا، ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىش توغرا يولدۇر›». خۇلاسە: يۇقىرىدا ھەزرىتى مەريەمنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ئانىسى تەرىپىدىن ئاللاھ يولىغا ئاتىلىشى ۋە ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەردە ھەزرىتى مەريەم بويىغا يەتكەن چاغدا پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ «كُنْ - بول» دېگەن سۆزى بىلەن تۆرىلىدىغان ۋە «ئىيسا مەسىھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئوغۇل بالىسى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگەنلىكى، ھەزرىتى مەريەمنىڭ ھەيران بولۇپ، ئاللاھ تائالا بالا تۆرىلىش ئۈچۈن بېكىتكەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆزىنىڭ قانداقمۇ بالىسى بولىدىغانلىقىنى سورىغانلىقى، پەرىشتە (جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئۇنىڭغا، ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئاللاھ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا: ‹بول› دەيدۇ. ئۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك، پەرىشتىنىڭ ھەزرىتى مەريەمگە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بالىغا بىر قىسىم نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ بالىنىڭ بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر بولۇپ كېلىپ بىر قىسىم مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنِّي قَدْ جِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ أَنِّي أَخْلُقُ لَكُمْ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ فَأَنْفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ وَأُحْيِي الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا تَأْكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ:) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە پەرۋاردىگارىڭلار ھۇزۇرىدىن بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەر ئۈچۈن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇ مۆجىزىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيمەن - دە، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇش بولىدۇ. مەن يەنە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۇغما كورنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى ساقايتىمەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن. مەن يەنە ئۆيلىرىڭلاردا نېمە يەپ، نېمە ساقلايدىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق سىلەرگە خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۈچۈن بۇنىڭدا ئايەت بار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن ئالدىمدىكى تەۋراتنى تەستىقلاش ۋە سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۗ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر›». — ئەنەس ئالىم
-
فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىيلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئىيسا يەھۇدىيلارنىڭ كۇفردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ يولىدا ماڭا كىملەر ياردەمچى بولىدۇ؟» دېدى. ھاۋارىيلار[1] ئېيتتى: «ئاللاھ يولىدا بىز ساڭا ياردەمچى بولىمىز، بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىيسا ئۇلاردىن كۇفرىلىقنى سېزىپ: «كىملەر ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دېگەن ئىدى. ھەۋارىيلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز[16]. بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز. — ئەنەس ئالىم
(52-53) ئىيسا قەۋمىدىن كۇفرىلىقنى سېزىپ ئۇلاردىن: «كىملەر ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؛ ئاللاھ يولىدا كىملەر ماڭا ئەگىشىدۇ، كىملەر بۇ يولدا قوللايدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، ھەۋارىيلار مۇنداق دېدى: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىدۇرمىز. بىز ئاللاھقا ئىمان كەلتۈردۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچى كىشىلەردۇرمىز» دەپ جاۋاب بەردى، ئاندىن ئۇ ھەۋارىيلار ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ھىدايەتكە مۇيەسسەر قىلغان ئىگىمىز - ئاللاھ! بىز سەن نازىل قىلغان كىتاب - ئىنجىلغا ئىمان كەلتۈردۇق ۋە بۇ ئەلچىڭ ئىيساغا ئەگەشتۇق. ئۇنداقتا، سەن بىزنى تەۋھىدكە، كىتابىڭغا ۋە بۇ ئەلچىگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن يارەب!». ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمدە ئۈچ يەردە «ئاللاھقا ياردەم بېرىش» ئىپادىسى ئۆتىدۇ، ئىككى يەردە «ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى» ئىپادىسى ئۆتىدۇ. «ئاللاھقا ياردەم بېرىش» ۋە «ئاللاھنىڭ ياردەمچىسى بولۇش» مەنە جەھەتتىن ئوخشاش ئىپادە بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىش، شەرتلىرىنى ئورۇنداش ۋە شارائىتلىرىنى ھازىرلاش قاتارلىق مەنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىرى تۆۋەندىكىچە: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ﴾ «ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ». ئەسلىدە ئىنسانلار - شاھ، گاداي، باي، پېقىر ھەممىسى ئاللاھقا موھتاجدۇر، ئاللاھ مۇتلەق مەنىدە بايدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئى مۇئمىنلار! سىلەر مېنىڭ ياردىمىمنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر. مېنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلىشىم ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ، مەن بۇ توغرىدا قويغان شەرتلەرنى ئورۇندىشىڭلار، مەن بەلگىلىگەن پرىنسىپلەرگە رىئايە قىلىشىڭلار ۋە مەن بېكىتكەن سەۋەبلەرنى قىلىشىڭلار كېرەك. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش، چۈنكى ئاللاھ تائالا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. 2) قىلماقچى بولغان ئىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سەۋەبلەرنى قىلىش، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىدا سەۋەبسىز نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىش يوق؛ ئاللاھ تائالا سەۋەب قىلغانلارغا ئۆزى خالىسا ياردەم بېرىدۇ، سەۋەب قىلمىغانلارغا ھېچ ياردەم بەرمەيدۇ. ئەگەر قىلماقچى بولغان ئىش ئۇرۇش بولسا، ئۇرۇشنىڭ ماددىي جەھەتتىن قورال كۈچى ۋە ئەسكىرىي تەييارلىقىنى ھازىرلاش، مەنىۋى جەھەتتىن زامانغا ماس ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆگىنىش ۋە پىلانىنى پۇختا تاماملاش كېرەك. ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئېھتىيات قىلىش شەرت، يەنى ئۇرۇش ئەسناسىدا ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بولسا ئالدىنى ئېلىش، دىققەت قىلىش ۋە پەخەس بولۇش لازىم. 3) سەۋر قىلىش ۋە تەقۋادار بولۇش. سەۋر قىلىش - نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلىك ئىشەنچىنى يوقىتىۋەتمەسلىك، بەلنى قويۇۋەتمەسلىك دېمەكتۇر. تەقۋادار بولۇش - لايىق رەۋىشتە غەيرەت قىلىشنى ۋە لازىملىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايىتىدە سەۋرچان ۋە تەقۋادار كىشىلەرگە «ياخشى ئاقىۋەت» ۋەدە قىلىدۇ. 4) ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ۋە بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش. ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دا ياردەم بەرمەسلىكىگە، ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەشتە بىرلەشمەسلىكى ۋە بۇيرۇققا ئىتائەت قىلماسلىقى سەۋەبچى بولغان. ھۇنەين ئۇرۇشىدا باشتا ياردەم بەرمەسلىكى مۇسۇلمان قوشۇننىڭ مەغرۇرلىنىشىدىن بولغان. پۈتۈن بۇلاردىن كېيىن يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ياردەم بېرىشىگە ياردەم بەرسەڭلار، يەنى يۇقىرىدىكى تۆت شەرتنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلىشىغا لايىق بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا أَنْزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن» — مۇھەممەد سالىھ
ئى رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى شاھادەت ئېيتقانلار قاتارىدا قىلغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىمىز! بىز سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردۇق. بۇ ئەلچىگە ئەگەشتۇق. بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن!». — ئەنەس ئالىم
-
وَمَكَرُوا وَمَكَرَ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار (ئىيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ) ھىيلە-مىكىر ئىشلەتتى، ئاللاھ ئۇلارغا قارشى (ئىيسانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن) تەدبىر قوللاندى. ئاللاھ (ھىيلە-مىكىرگە قارشى) ئەڭ ياخشى تەدبىر قوللانغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
باشقىلىرى بولسا ئىيساغا سۇيىقەست قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بەربات قىلدى. ئاللاھ سۇيىقەستلەرنى ئەڭ ئوبدان بەربات قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
مەريەمگە بېشارەت بېرىلگەن بويىچە ئىيسا دۇنياغا كېلىدۇ ۋە مۇئەييەن ياشقا كىرگەن چېغىدا ئاللاھ ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەنى ئىسرائىلنى ھەقكە دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجزىلەرنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلاردىن كۇفرىلىق سېزىپ «كىملەر ئاللاھ يولىدا مېنىڭ ياردەمچىلىرىمدۇر؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى) بۇ سوئالغا ئىجابىي جاۋاب بېرىدۇ. باشقىلار بولسا ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلايدۇ، ئاللاھ ئۇنى بۇ سۇيىقەستتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَىٰ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن. سېنى كافىرلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كافىرلاردىن قۇتقۇزىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەت كۈنىگىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن تۇتىمەن. ئاخىرىدا ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرىمغا قايتىسلەر. ئۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. — ئەنەس ئالىم
(55-57) ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مۇنۇ ئەھۋالنى بايان قىلغىن: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سېنىڭ ئەجىلىڭنى تولدۇرۇپ ئۆزۈم ۋاپات قىلدۇرىمەن، سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارغا ئىمكان بەرمەيمەن، سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭدىن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، سەن دەۋەت قىلغان ھەق دىندىن چەتنىمەي ساڭا ئەگىشىپ توغرا يولدا ماڭغانلارنى، سېنىڭ يولۇڭدىن چەتنىگەن، دىنىڭنى ئۆزگەرتكەن ۋە ساڭا تۆھمەت قىلغان كافىرلاردىن قىيامەتكە قەدەر ئۈستۈن قىلىمەن. قىيامەت كۈنى ھەممىڭلار قايتا تىرىلىپ ھۇزۇرۇمغا كېلىسىلەر، مەن ئۇ چاغدا ئاراڭلاردا كېلىشەلمىگەن مەسىلە ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىمەن. ساڭا ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ياكى ئۆزگەرتىۋەتكەن كافىرلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايمەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئازابنى قايتۇرۇۋېتىدىغان، ئۆزلىرىنى ئازابدىن قۇتۇلدۇرىغان، ئۆزلىرىدىن ئازابنى يېنىكلىتىدىغان ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. ساڭا ۋە سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ناماز، روزا، زاكات، سىيلە - رەھىم... قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرىنى تولۇق بېرىمىز. بىز كۇفرىلىق، ئاسىيلىق، ھەق دىننى ئۆزگەرتىش ۋە ساڭا تۆھمەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى ياقتۇرمايمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَأُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
كافىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايمەن. ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟) — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
ذَٰلِكَ نَتْلُوهُ عَلَيْكَ مِنَ الْآيَاتِ وَالذِّكْرِ الْحَكِيمِ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇلارنى بىز ساڭا ئايەتلەردىن ۋە ھېكمەتلىك زىكىردىن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى قىسسەلەرنى (مەريەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قىسسەلىرىنى، زەكەرىييا، يەھيا ۋە ئىيسانىڭ قىسسەلىرىنى) ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى بىز ساڭا ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. ئۇ ئايەتلەر ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى، شۇنداقلا قۇرئاننىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئۇ قىسسەلەرنى سەن ئىنسانلارغا بىز بىلدۈرگەن بويىچە بايان قىلىۋاتىسەن. سەن ئۇ قىسسەلەردە بايان قىلىنغان كىشىلەر بىلەن زامانداش بولمىغان ۋە ئۇ قىسسەلەر مەيدانغا كەلگەندە نەق مەيداندا ھازىر بولمىغان تۇرۇقلۇق ئۇ قىسسەلەرنى بايان قىلىشىڭ سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ دەلىللىرىدىندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِنْدَ اللَّهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس) — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقى ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېۋىدى، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىيسانىڭ ئەھۋالى ئادەمنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ئۇنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «بول!» دېدى، ئۇ بولدى. — ئەنەس ئالىم
(59-63) ئادەم ئاللاھنىڭ «كُن - بول» دېگەن سۆزى بىلەن ئاتا - ئانىسىز يارىتىلغان، ئىيسامۇ ئاللاھنىڭ «كُن - بول» دېگەن سۆزى بىلەن ئاتىسىز يارىتىلغان. ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلىشى ئۇنىڭ رەب ياكى ئىلاھلىقىغا ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئىيسا توغرىسىدىكى ھەقىقەت ئەنە شۇدۇر، يەنى ئاللاھ ئىيسانى ئاتىسىز ياراتقان ۋە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، شۇڭلاشقا ئىيسا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر. ئى مۇھەممەد! ئىيسا توغرىسىدا ئاللاھ تەرىپىدىن ساڭا بۇ ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، كىم سەن بىلەن ئىيسا توغرىسىدا (يەنى ئىيسا رەب ئىدى ياكى ئىلاھ ئىدى دەپ) دەتالاش قىلىشسا، ئۇلارغا: «ھەر ئىككى تەرەپ خوتۇن - بالىلىمىزنى ئېلىپ بىر سورۇنغا يىغىلايلى ۋە ‹قايسىمىز يالغانچى بولساق ئاللاھنىڭ لەنىتى شۇنىڭغا بولسۇن› دەپ لەنەت ئېيتىشايلى» دېگىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بۇ شەكىلدە لەنەت ئېيتىشقىن، چۈنكى بىز ئىيسا توغرىسىدا ساڭا بىلدۈرگەن خەۋەر (يەنى ئىيسا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دېگەن سۆز) راستتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئىيسا ھەققىدە سەن راست ئېيتىۋاتىسەن، ئۇلار يالغان ئېيتىۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئۇلار بىلەن يۇقىرىدىكى شەكىلدە لەنەت ئېيتىشقىن، ئۇلارغا لەنەت ياغسۇن. ناۋادا ئۇلار لەنەت ئېيتىشىشنى قوبۇل قىلمىسا، بىلگىنكى ئۇلار بۇزغۇنچىدۇر، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُنْ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
(ئىيسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، شۇڭا سەن شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ھەقىقەت رەببىڭدىندۇر. ئۇنداقتا شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن. — ئەنەس ئالىم
-
فَمَنْ حَاجَّكَ فِيهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ فَقُلْ تَعَالَوْا نَدْعُ أَبْنَاءَنَا وَأَبْنَاءَكُمْ وَنِسَاءَنَا وَنِسَاءَكُمْ وَأَنْفُسَنَا وَأَنْفُسَكُمْ ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَلْ لَعْنَتَ اللَّهِ عَلَى الْكَاذِبِينَ
سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھەر قانداق بىر كىشى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، خوتۇنلىرىمىزنى ۋە خوتۇنلىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ساڭا بۇ ئىلىم كەلگەندىن كېيىن كىم سەن بىلەن بۇ توغرىدا دەتالاش قىلىشسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «كېلىڭلار، بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىزنى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارنى، بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى چاقىرايلى، ئاندىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن دەپ چىن دىلىمىزدىن دۇئا قىلايلى». — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْقَصَصُ الْحَقُّ ۚ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسەسىدۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسەلەردۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ راستتىنلا توغرا خەۋەردۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِالْمُفْسِدِينَ
ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن يەنە باش تارتسا، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇنداق بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار يەنىلا يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 64-ئايەت) شېرىك تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئەھلى كىتاب بىلەن ئورتاق نۇقتىلارقُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَىٰ كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلَّا نَعْبُدَ إِلَّا اللَّهَ وَلَا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلَا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى تەۋھىدئەقىدىسىگە) كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) «ئى ئەھلى كىتاب! پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر خىل ئەقىدە كەلىمىسىگە كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ باش تارتسا: «ئۇنداقتا بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» دەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! بىز بىلەن ئاراڭلاردا ئورتاق بولغان سۆزگە كېلىڭلار. ئۇ سۆز بولسا ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىمىز، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىقىمىز ۋە ئاللاھنى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى رەب قىلىۋالماسلىقىمىزدۇر». ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارغا: «گۇۋاھ بولۇڭلاركى، بىز مۇسۇلمانمىز» دەڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى، ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن، جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىمۇ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ئەھلى كىتاب ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۆز كىتابلىرىنىڭ تەۋھىدكە دەۋەت قىلىدىغان ۋە شېرىكتىن توسىدىغان ئايەتلىرىگە ئەمەل قىلماي مۇشرىك بولۇپ كەتكەن. مەسىلەن: يەھۇدىيلار ئۇزەيرنى ۋە موللىلىرىنى، خىرىستىيانلار ئىيسانى ۋە زاھىتلىرىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئەھلى كىتابنى ئەنە شۇ «ئورتاق سۆز» بولغان تەۋھىدكە چاقىرىشقا بۇيرۇغان، چۈنكى تەۋھىد تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاندىكى ئورتاق ھەقىقەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تُحَاجُّونَ فِي إِبْرَاهِيمَ وَمَا أُنْزِلَتِ التَّوْرَاةُ وَالْإِنْجِيلُ إِلَّا مِنْ بَعْدِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر بۇنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئەھلى كىتاب! ئىبراھىم توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل قىلىنغان تۇرسا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
(65-68) يەھۇدىيلار: «ئىبراھىم يەھۇدىي ئىدى» دەپ دەۋا قىلاتتى، ناسارالار (خىرىستىيانلار): «ئىبراھىم ناسارا ئىدى» دەپ دەۋا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئىلگىرى ئۆتكەن بىر ئايەتتە رەددىيە بەرگەن. بۇ (65 ~ 68 -) ئايەتلەردىمۇ ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئەھلى كىتاب! تەۋرات ۋە ئىنجىل ئىبراھىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نازىل بولغان، يەھۇدىيلىك ۋە ناسارالىق (خىرىستىيانلىق) تەۋرات ۋە ئىنجىل نازىل بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان. سىلەر بۇنى بىلىسىلەر، ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئى يەھۇدىيلار! سىلەر قانداقمۇ «ئىبراھىم يەھۇدىي ئىدى» دەيسىلەر؟ ئى ناسارالار! سىلەر قانداقمۇ «ئىبراھىم ناسارا ئىدى» دەيسىلەر؟ ئىبراھىمنىڭ يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ سىلەر شۇنداق ئەخمەق كىشىلەرسىلەركى، ئۆزۈڭلار بىلىدىغان كىتابلىرىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ بەزى ھۆكۈملىرى توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتىڭلار. بۇنىڭغىمۇ ماقۇل، سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان مەسىلە توغرىسىدا يەنى ئىبراھىم توغرىسىدا (ئىبراھىم يەھۇدىي ئىدى، ناسارا ئىدى دەپ) نېمىشقا دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس، لېكىن ئۇ ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇسۇلمان (ئاللاھقا بويسۇنغۇچى) ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى! يەنى ئىبراھىم ھېچبىرىڭلارنىڭ دىنىدا ئەمەس ئىدى، ئەكسىچە ئۇ ئىسلام ئۈستىدە ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن «دىنىي جەھەتتىن بىز ئىبراھىمنىڭ يولىدا، ئىبراھىم بىزنىڭ يولىمىزدا» دەپ دەۋا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەر ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمغا ئەگەشكەنلەر، بۇ پەيغەمبەر (مۇھەممەد) ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەس، ئەنە شۇ مۇئمىنلارنىڭ ھامىيىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ حَاجَجْتُمْ فِيمَا لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ فَلِمَ تُحَاجُّونَ فِيمَا لَيْسَ لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) سىلەر شۇنداق كىشىلەرسىلەركى، بىلىدىغان نەرسەڭلار (ئىيسا) ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر بىلمەيدىغان نەرسەڭلار (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) ئۈستىدە نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنىڭ ئىشىدىكى ھەقىقەتنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر شۇنداق كىشىلەر ئىكەنسىلەركى، ئۆزۈڭلار بىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسە (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) توغرىسىدا نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، بىلگىنىڭلار توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتىڭلار، بىلمىگىنىڭلار توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
مَا كَانَ إِبْرَاهِيمُ يَهُودِيًّا وَلَا نَصْرَانِيًّا وَلَٰكِنْ كَانَ حَنِيفًا مُسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋەلېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس، لېكىن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇ ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ أَوْلَى النَّاسِ بِإِبْرَاهِيمَ لَلَّذِينَ اتَّبَعُوهُ وَهَٰذَا النَّبِيُّ وَالَّذِينَ آمَنُوا ۗ وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُؤْمِنِينَ
ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغانلار، شۈبھىسىزكى، (ئىبراھىمنىڭ زامانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنىڭغا (يەنى ئۇنىڭ يولىغا) ئەگەشكەنلەردۇر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) دۇر، (بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغان) مۆمىنلەردۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەردۇر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە مۆمىنلەردۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلار ئىچىدە ئىبراھىمغا ئەڭ يېقىن بولغانلار ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، بۇ ئەلچى ۋە مۇئمىنلاردۇر. ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر[17]. — ئەنەس ئالىم
-
وَدَّتْ طَائِفَةٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يُضِلُّونَكُمْ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ (بۇنىڭ ۋابالى ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىش بىلەن ئۆزلىرىگىلا قايتىدۇ). (لېكىن) ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، ئۇلار بولسا بۇنى تۇيمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتابتىن بىر گۇرۇھ سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۆز كىتابىغا لايىق رەۋىشتە ئىشەنگەن بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئانغا ئىشەنگەن، شۇنداقلا مۇسۇلمان بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بولسا، ھەسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىنى ۋە ئىمانىدىن يېنىپ قايتا كافىر بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ يامان ئارزۇسىنى مۇئمىنلارغا بىلدۈرىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَأَنْتُمْ تَشْهَدُونَ
ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى) بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە نېمىشقا كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ھەقىقەتنى كۆرۈۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(70-71) ئەھلى كىتاب ئۆز كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كۆرەتتى، لېكىن ئۇ كىتابلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلاتتى، بەزىدە ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇراتتى (مەسىلەن: مۇھەممەد پەيغەمبەردۇر، لېكىن ئەرەبلەرگە كەلگەن پەيغەمبەردۇر دەيتتى)، بەزىدە تامامەن يوشۇراتتى. ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە ئۇلارنى بۇ قىلمىشتىن توسىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە ئۇلاردىن بۇ قىلمىشىنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ. بۇ سوئالنىڭ مەنىسى ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە تەنقىدلەشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَلْبِسُونَ الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابلىرىڭلاردىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىسىلەر ۋە ھەقنى يوشۇرىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئەھلى كىتاب! نېمىشقا ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرىسىلەر؟ نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالَتْ طَائِفَةٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ آمِنُوا بِالَّذِي أُنْزِلَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَجْهَ النَّهَارِ وَاكْفُرُوا آخِرَهُ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار ئىمانىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىن؛ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتابتىن بىر گۇرۇھ ئۆز - ئارا مۇنداق دېيىشتى: «شۇ مۇئمىنلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىگە ئەتىگىنى ئىمان ئېيتىپ، ئاخشىمى ئۇنى ئىنكار قىلىڭلار. ئۇلار سىلەرگە ئەگىشىپ ئىمانىدىن يېنىشى مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم
(72-74) ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزكۇر يامان كىشىلەر مۇئمىنلارنىڭ ئىماندىن يېنىپ قايتا كافىر بولۇشىنى كۆڭلىدە ئارزۇ قىلىپلا قالماستىن، بەلكىدە پۇرسەت تاپسىلا مۇئمىنلارغا ھاقارەت قىلاتتى ۋە ئۇلارنى دىنىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلەرنى قىلاتتى. مەسىلەن: ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدىكى بىر قىسىم ئايەتلەرنى، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەرنى يوشۇراتتى، بۇرمىلايتتى، ھەتتا ئىنكار قىلاتتى. جۈملىدىن ئۇلار بىر - بىرىنى مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا چۈشتىن ئىلگىرى قۇرئانغا ئىشەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، چۈشتىن كېيىن قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بۇيرۇيتتى ۋە ئۆز دىنداشلىرىدىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇراتتى. ئۇلار مۇئمىنلارنى قۇرئان ھەققىدە شۈبھىگە چۈشۈرۈش، ئىمان ئېيتماقچى بولغانلارنى ياندۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە باشقىلارنىڭ «كىتاب ئەھلى، ئىلىم ئەھلى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا بىر بۆلەك ئەھلى كىتاب بىر كۈننىڭ ئىچىدە بالدۇر ئىمان ئېيتقانلىقىنى، كېيىن ئىنكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان تەقدىردە باشقىلارنىڭ بۇلارغا ئەگىشىپ ئىسلامدىن يانىدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ (72 ~ 74 -) ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان بۇ سۆزىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنى ۋاقىپلاندۇرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، رەددىيە ئۇلارغا مۇنۇ ھەقىقەتلەرنى ئېلان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر: «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر»، «ئىلتىپات ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ سەلتەنەتى بۈيۈك، رەھمىتى كەڭ ۋە ئىلمى چەكسىزدۇر»، «ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تُؤْمِنُوا إِلَّا لِمَنْ تَبِعَ دِينَكُمْ قُلْ إِنَّ الْهُدَىٰ هُدَى اللَّهِ أَنْ يُؤْتَىٰ أَحَدٌ مِثْلَ مَا أُوتِيتُمْ أَوْ يُحَاجُّوكُمْ عِنْدَ رَبِّكُمْ ۗ قُلْ إِنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بىر ـ بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقساڭلار پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشىگە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىغا ئىشەنمەڭلار (دېيىشىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل ـ كەرەم ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». ئاللاھنىڭ كەرىمى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە ئىشەنمەڭلار». ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ئۇلار يەنە ئۆزئارا دېيىشتى: «بىرەر كىشىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلگەنلىكىگە ياكى مۇھەممەدكە ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا دەلىل كەلتۈرۈپ سىلەرنى يېڭىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭلار». ئېيتقىنكى: «ئىلتىپات ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ رەھمىتىنى خالىغان كىشىگىلا ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر». — ئەنەس ئالىم
-
وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِقِنْطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَا يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَائِمًا ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الْأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگۈچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ پۇل-مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا سۈيلەپ تۇرمىغىچە، ئۇ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ساۋاتسىزلار (بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلار) نىڭ پۇل-مېلىغا خىيانەت قىلساق، بىزگە گۇناھ بولمايدۇ» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشى باركى، ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە ئامانەت قويساڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلاردىن شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىرەر دىنار ئامانەت قويساڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغىچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «بىزدىن بولمىغانلارنىڭ مېلىنى يەۋالساق گۇناھكار بولمايمىز» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەھلى كىتابنىڭ يامانلىرىنىڭ بۇزۇق ئېتىقادى، ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇشى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىشى، ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرۇشى، ھەقنى يوشۇرۇشى، مۇئمىنلارنىڭ ئىسلامدىن يېنىشىنى ئارزۇ قىلىشى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىشى قاتارلىق يامان قىلمىشلىرى ئالدىنقى ئايەتلەردە بىلدۈرۈلىدۇ . بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مۇئامىلىسىنىڭ ناچارلىقى ۋە بۇ ناچارلىققا سەۋەبچى بولغان خاتا چۈشەنچىسى (يەنى بىزدىن بولمىغانلارنىڭ ماللىرىنى ئاللاھ بىزگە ھالال قىلغان دېگەن كۆزقارىشى) بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي مۇئامىلىسىنىڭ ياخشىلىقىمۇ بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلَىٰ مَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِ وَاتَّقَىٰ فَإِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەرگىز ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ. كىمكى ئەھدىگە ۋاپا قىلسا ۋە گۇناھتىن ساقلانسا، ئاللاھ ئەنە شۇنداق تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىش ئۇنداق ئەمەس! ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار بىلسۇنكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئىش ئۇ كاززاپلار ئويلىغاندەك ۋە ئېيتقاندەك ئەمەس، يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا باشقىلارنىڭ مېلىنى يەۋېلىشنى ھالال قىلغىنى يوق، ئۇلار بىراۋنىڭ مېلىنى يەۋالسا، ھەققىگە رىئايە قىلمىسا ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا گۇناھكار بولمايدىغان ئىشمۇ يوق. ئەسلىدە گۇناھكار بولمايدىغان كىشى - بەرگەن ئەھدىسىگە رىئايە قىلىپ ئامانەتنى ئادا قىلغان ۋە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلانغان كىشىدۇر. شۇڭلاشقا كىمكى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، بەرگەن لەۋزى بويىچە بىراۋنىڭ ھەققىنى ۋاقتىدا ۋە تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى سۆيىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 77-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) قەسەمإِنَّ الَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ اللَّهِ وَأَيْمَانِهِمْ ثَمَنًا قَلِيلًا أُولَٰئِكَ لَا خَلَاقَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ وَلَا يَنْظُرُ إِلَيْهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (رەھمەت نەزىرى بىلەن) گەپ قىلمايدۇ، قاراپمۇ قويمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھتىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلارغا ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋە يوق. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتابتىن، ئۆز كىتابىنى ئىنسانلارغا بايان قىلىش، ئۇنى يوشۇرماسلىق ۋە ئۆز كىتابىنى تەستىقلايدىغان (يەنى ئۆز كىتابىدىكى ھەقىقەتلەرنىڭ ئوخشىشىنى تەبلىغ قىلىدىغان) پەيغەمبەر كەلسە، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش توغرۇلۇق ئەھدە ئالغان، ئۇلار قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشقا ئالاھىدە بۇيرۇغان. ئەھلى كىتاب ئاللاھقا بەرگەن بۇ ئەھدىسىگە رىئايە قىلمىدى: يەھۇدىيلار ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارغا ئىشەنمىدى. ناسارالار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىدى، ھەتتا بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۆز پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنى «رەب، ئىلاھ» دەپ ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئايەتتە، دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە رىئايە قىلمايدىغان ۋە قەسەملىرىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرگە ئاخىرەتتە جەننەتتىكى ھەر تۈرلۈك ماددىي نېمەتلەردىن، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى، مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىدەك مەنىۋى نېمەتلەردىن مەھرۇم قېلىش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىش ئارقىلىق مەزكۇر ئەھلى كىتابقا يامان ئاقىۋەتلىرى بىلدۈرۈلىدۇ. ئەسكەرتىش: «ئاللاھنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلماسلىقى» - ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا خۇشاللىنارلىق گەپ قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئازارلاش ۋە تەنقىدلەش ئۈچۈن گەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. «ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا قارىماسلىقى» - ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلاردىن رازى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا ھېچ ئىلتىپات قىلمايدىغانلىقىنى، «ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى پاكلىماسلىقى» - ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار»لىقى - ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە ماددىي - مەنىۋى پۈتۈن نېمەتلەردىن مەھرۇم قېلىش بىلەن بىرگە دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُونَ أَلْسِنَتَهُمْ بِالْكِتَابِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ الْكِتَابِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى ئەگرى ـ بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى تولغاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتابتىن شۇنداق بىر پىرقىمۇ باركى، ئۆزلىرى ئويدۇرغان سۆزلەرنى تىللىرىنى ئېگىپ كىتابنى ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ. ئۇلار بۇنى سىلەرنىڭ ئۇ سۆزلەرنى كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سۆزلەر كىتابتا يوقتۇر. ئۇلار: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنغان» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنمىغان. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلارنىڭ ئەسكى موللىلىرى ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ مەنىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە بۇرمىلاپ بىر قىسىم كىتابلارنى يازاتتى، ئاۋام خەلققە ئۇ كىتابلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ۋە ئۇ كىتابلارغا ئاساسەن دىندارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتاتتى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلەرنى ئۈندۈرۈۋالالايدۇ . ئۇلار مەزكۇر كىشىلەرگە ئۆزلىرى يازغان ئۇ كىتابلارنى، تىللىرىنى تولغاپ ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇغاندەك ئوقۇيتتى ۋە: «ئوقۇغىنىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل بولغان» دەيتتى. ئۇلار بۇ قەبىھلىكنى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوقۇلغان ئويدۇرمىلارنى ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئايەتلىرى دەپ بىلىشلىرى ئۈچۈن قىلاتتى. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بۇ بوھتاننى چاپلايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنى ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشىدىن ۋاقىپلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 79-ئايەت) يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلىم ئېلىش مەجبۇرىيىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُؤْتِيَهُ اللَّهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُوا عِبَادًا لِي مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنْتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنْتُمْ تَدْرُسُونَ
بىرەر ئىنسانغا ئاللاھ كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋەلېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار ۋە ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنساننىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ ئىنسان: «سىلەر كىتابنى ئۆگەتكەن ۋە ئۆگەنگەن ئىكەنسىلەر، پەرۋاردىگارىڭلارغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىنىڭ ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشكە ھەددى ئەمەس، لېكىن ئۇ: «كىتابنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى رەببىڭلارغا ئاتىغان خالىس بەندىلەر بولۇڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(79-80) ئاللاھ تائالا تارىخ بويىچە ئىنسانلارغا ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر ئەۋەتكەن. ھەر پەيغەمبەر قەۋمىنى ئاللاھقا بەندە بولۇشقا بۇيرۇغان، ئاللاھتىن غەيرىيگە بەندە بولۇشتىن توسقان. لېكىن ئىنسانلار ئۆز پەيغەمبىرى ۋاپات بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ پەيغەمبەرنىڭ يولىدىن يىراقلاشقان، ھەتتا ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك بولۇپ كەتكەن: بەزىسى ئۆز پەيغەمبىرىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن، بەزىسى پەرىشتىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن. بەزىلىرى بولسا ئۆزلىرى «ئۇلۇغ» دەپ بىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساپ، ئۇلارغا چوقۇنغان. ئۇلار بۇ ئىشنى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شاپائەتچى بىلەن چىقىش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنى بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئەمر قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى (79 - ۋە 80 -) ئايەتتە بارلىق مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلسا، ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشكە ھەددى ئەمەس. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ: «پەرىشتىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئاللاھنى قويۇپ رەب قىلىۋېلىڭلار» دېيىشكىمۇ ھەددى ئەمەس. ئەكسىچە ئۇ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنسانلارغا: «مەن سىلەرگە تەبلىغ قىلغان ئىلاھىي كىتابنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى رەببىڭلار ئاللاھقا ئاتىۋەتكەن كىشىلەر بولۇڭلار» دەيدۇ. «ماڭا بەندە بولۇڭلار»، «پەرىشتىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىڭلار» دېگەن ئىپادىلەر كۇفرىلىق تۇرسا، پەيغەمبەر دېگەن شۇنداق كۇفرىلىققا بۇيرۇمدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا يَأْمُرَكُمْ أَنْ تَتَّخِذُوا الْمَلَائِكَةَ وَالنَّبِيِّينَ أَرْبَابًا ۗ أَيَأْمُرُكُمْ بِالْكُفْرِ بَعْدَ إِذْ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىشىڭلارغا بۇيرۇشى لايىق بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى، پەيغەمبەرلەرنى خۇدا قىلىۋېلىشىڭلارغا بۇيرۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرغا بۇيرۇمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كىشىنىڭ سىلەرنى، پەرىشتىلەرنى ۋە نەبىيلەرنى رەب قىلىۋېلىشقا ئەمر قىلىشقىمۇ ھەددى ئەمەس. سىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۇ سىلەرنى كافىر بولۇشقا بۇيرۇمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 81-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) رەسۇلغا ئەگىشىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىوَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُمْ مِنْ كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنْصُرُنَّهُ ۚ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ إِصْرِي ۖ قَالُوا أَقْرَرْنَا ۚ قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» (دېدى). ئاللاھ: «(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنى بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلسام، كېيىن سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىكى شۇ كىتابنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئاللاھ: «بۇ ئەھدەمنى ئېتىراپ قىلىپ، شەرتلىرى بىلەن قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداقتا بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ نەبىيلەردىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئەھدە بەردۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
(81-83) ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەۋملىرىدىن، كېيىن كېلىدىغان پەيغەمبەرگە ئىشىنىش ۋە ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش توغرىسىدا مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان، ئۇلارمۇ قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئۇ توغرىدا ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن. جۈملىدىن مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملاردىنمۇ، ئۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەۋملىرىدىنمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش ۋە ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش توغرىسىدا ئەھدە ئالغان. ئاللاھ تائالا 81 - ئايەتتە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن ئەنە شۇنداق ئەھدە ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئەھلى كىتابقا ئۇ ئەھدىسىگە رىئايە قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش ۋە ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئەسلىتىدۇ. 82 - ئايەتتە ئۇ ئەھدىسىنى بۇزۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشتىن باش تارتقان ئەھلى كىتابنىڭ توغرا يولدا ئەمەسلىكىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ توغرا يولدا بولۇش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش ۋە ئەگىشىشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. 83 - ئايەتتە ئۆزى (ئاللاھ)نىڭ كائىناتتىكى بىردىنبىر دىنى بولغان ئىسلامدىن غەيرىينى ئىزدەشنىڭ توغرا بولمايدىلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ خاتالىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَمَنْ تَوَلَّىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدىن كېيىن ئەھدىنى بۇزغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭدىن كېيىن كىم يۈز ئۆرۈسە، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر[18]. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 83-ئايەت) تىرىلىش ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئاللاھقا ئىتائەتأَفَغَيْرَ دِينِ اللَّهِ يَبْغُونَ وَلَهُ أَسْلَمَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَإِلَيْهِ يُرْجَعُونَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنغان تۇرسا، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ تەرىپىگە قايتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنۇۋاتقان تۇرسا، ئەھلى كىتاب ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىنغا ئىنتىلسە بولامدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا دىن ئىزدەۋاتامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئىخىتىيارىي ۋە ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھقا تەسلىم بولغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدىغان تۇرسا! — ئەنەس ئالىم
-
قُلْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَالنَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)،ئىيساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا): «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن تەۋراتقا، ئىيساغا بېرىلگەن ئىنجىلغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ (پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتا) ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا؛ ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا؛ مۇساغا، ئىيساغا ۋە باشقا بارلىق نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز[19]. بىز ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى كىشىلەرمىز». — ئەنەس ئالىم
(84-85) «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر». بارلىق پەيغەمبەرلەر ئەنە شۇ ئىسلامغا دەۋەت قىلغان، جۈملىدىن مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارمۇ بۇ ئىسلامغا دەۋەت قىلغان. شۇڭلاشقا نازىل قىلىنغان ۋەھىيدە بىر پۈتۈنلۈك بار. ئاللاھ تائالا 84 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇئمىنلار بىلەن بۇ پۈتۈنلۈككە ئىشەنگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا تەسلىم بولغانلار يەنى ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلار ئىكەنلىكىنى ئەھلى كىتابقا ئېلان قىلىشقا ئەمر قىلىدۇ. 85 - ئايەتتە بۇ ئىسلامدىن غەيرىنى «دىن» دەپ ئېتىقاد قىلغان كىشىدىن ئۇ «غەيرىي»نىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇ كىشىنىڭ زىيان تارتىدىغانلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىككى (84 - ۋە 85 -) ئايەتتە ئەھلى كىتابقا دارىتمىلاپ تەنقىد قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىپ ئىمانىنى تولۇقلىمىغان ۋە باتىل دىننى تاشلاپ ئىسلامغا كىرمىگەن تەقدىردە «دىندار» ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ
كىمكى ئىسلامدىن غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنغا ئىنتىلىدىكەن، ئۇنىڭ دىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ئىسلامدىن باشقا دىن ئىزدەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
كَيْفَ يَهْدِي اللَّهُ قَوْمًا كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ وَشَهِدُوا أَنَّ الرَّسُولَ حَقٌّ وَجَاءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ بۇنداق زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان، بۇ ئەلچىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(86-89) بۇ يەردە ئۈچ (86 ~ 88 -) ئايەتتە ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە لايىق بولۇش ئالاھىدىلىكىنى تامامەن يوقاتقان كىشىلەر ۋە ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا بىلدۈرۈلىدۇ. ئاندىن بىر (89 -) ئايەتتە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ گۇناھى ھەقكە ئىشىنىپ بولۇپ كافىر بولۇش ۋە ھەقنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىشتۇر. ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا بولسا، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىش، ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە يولۇقۇش، شۇنداقلا دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىشتۇر. ئۇ كىشىلەر - ئىسلامغا كىرىپ بولۇپ يېنىۋالغان مۇرتەتلەرنى ۋە ئۆز كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ئەھلى كىتابنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ كۇفۇر ۋە زۇلۇمدىن تەۋبە قىلغان، ئۆزىنى پاك ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن تۈزەتكەن كىشىلەرگە ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ، مەرھەمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ جَزَاؤُهُمْ أَنَّ عَلَيْهِمْ لَعْنَةَ اللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش جازاسى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
خَالِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت كېيىن تەۋبە قىلغانلار ۋە قىلمىشلىرىنى تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن ئۇ ئازغۇنلۇقتىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغانلارغا مەزكۇر جازا بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَنْ تُقْبَلَ تَوْبَتُهُمْ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الضَّالُّونَ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغان، ئاندىن كۇفرلىقتا تېخىمۇ چىڭ تۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولۇپ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئازغۇنلار ئەنە شۇلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
(90-91) ئالدىنقى ئايەتلەردە ھەقكە ئىشىنىپ بولۇپ كافىر بولغانلار تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە دۇچار بولىدىغان جازا بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە ھەقكە ئىشىنىپ بولۇپ كافىر بولغانلار تەۋبىنى ۋاقتىدا (جان ھەلقۇمغا كېلىشتىن ئىلگىرى) قىلمىسا، ئۇ تەۋبىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا تەۋبىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىت سەكراتقا چۈشۈش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭلاشقا فىرئەۋننىڭ غەرق بولۇۋېتىپ قىلغان تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمىغان. بۇ سەۋەبتىن ھەقنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستتىنلا پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەرنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندىكى تەۋبىسى، يەنى ئۇ چاغدا «مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەندىم» دەپ ئېيتقان ئىمانى قوبۇل قىلىنمايدۇ. مانا مۇشۇنداق كافىر ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەنلەر، دۇنيادا زېمىن توشقۇدەك ئالتۇنى بولغان ۋە ئۇ ئالتۇنلارنى ئاخىرەتكە ئېلىپ بارغان تەقدىردە، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ ئالتۇنلارنى فىديە قىلىپ بەرسىمۇ ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْ أَحَدِهِمْ مِلْءُ الْأَرْضِ ذَهَبًا وَلَوِ افْتَدَىٰ بِهِ ۗ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ وَمَا لَهُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، كافىر بولۇپ كۇفر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى يەر يۈزى تولغۇدەك ئالتۇن فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارغا ھېچبىر مەدەتكار بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زېمىن توشقۇدەك ئالتۇن بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. ئۇلارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّىٰ تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە غىچەھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، سىلەر نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭلاردىن چىقىم قىلمىغىچە ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. قانداق نەرسە چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە كافىر ئاخىرەتتە زېمىن توشقۇچىلىق ئالتۇن فىديە بەرگەن تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان چىقىمنىڭ مۇشۇ دۇنيادا پۇرسەت بار چاغدا، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەردىن قىلىنغان چىقىم بولۇشىنىڭ لازىملىقى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىدىن ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىش، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننىتىنى، چىقىم قىلىنغان نەرسىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرگەنلىكنى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇتقانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ بىر سىناق بولۇپ پەقەت مۇئمىنلار ئۆتەلەيدۇ. كافىرلار بولسا، بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا كەيپ - ساپا سۈرۈشنىلا مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىش ئۇلار ئۈچۈن مالنى زايە قىلغانلىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَائِيلُ عَلَىٰ نَفْسِهِ مِنْ قَبْلِ أَنْ تُنَزَّلَ التَّوْرَاةُ ۗ قُلْ فَأْتُوا بِالتَّوْرَاةِ فَاتْلُوهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
تەۋرات نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
«ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھەر تۈرلۈك يېمەكلىك ھالال ئىدى. ئۇلارغا پەقەت، تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىسرائىل ئۆزىگە ھارام قىلغان نەرسىلا ھارام ئىدى». ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار». — ئەنەس ئالىم
(93-95) يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىسرائىلدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئېغىر بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ھەكىملەرنىڭ نەسىھىتى بىلەن ياكى ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى بىلەن ئۆزىگە تۆگە گۆشى يېيىشنى ۋە تۆگە سۈتى ئىچىشنى چەكلىگەن. كېيىنكىلەر ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قەتئىي ھارام دەپ قارىغان. بەنى ئىسرائىل تەۋرات نازىل بولغانغا قەدەر ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ شەرىئىتى بويىچە ياشايتتى، ئاللاھ تائالا بۇ شەرىئەتتە پاك يېمەكلىكلەرنىڭ ھېچبىرىنى ھارام قىلمىغان ئىدى، لېكىن كېيىن يەھۇدىيلارنىڭ ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشى ۋە گۇناھ قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىشى سەۋەبلىك، نۇرغۇن پاك يېمەكلىكلەر ئۇلارغا تەۋراتتا ھارام قىلىنغان. بۇ ئەھۋال قۇرئان كەرىمدە بىلدۈرۈلگەندە، يەھۇدىيلار ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا ئۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ شەرىئىتىدىمۇ ھارام ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان. بۇ ئايەتتە «تەۋرات نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى بەنى ئىسرائىلغا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكى، پەقەت ئىسرائىل (يەئقۇب)نىڭ ئۆزىگە چەكلىگەن ۋە باشقىلار ھارام دەپ قارىغان نەرسىنىڭلا ھارام دەپ بىلىنىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ يەھۇدىيلارغا تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇشلىرى ۋە مەزكۇر دەۋاسىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشلىرى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، چۈنكى تەۋراتتا مەزكۇر يېمەكلىكلەرنىڭ ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ شەرىئىتىدە ھارام قىلىنغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق ئىدى، ئەكسىچە تەۋراتتا ئۇ پاك نەرسىلەرنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدە ھارام قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى 95 - ئايەتتە، ھەقىقەت ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقسىمۇ يەنىلا باتىل دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغۇچى ۋە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ھېسابلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئېيتىشقا، ئۇلارنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇشقا ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كىملىكىنى ئۇلارغا تونۇتۇشقا ئەمر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَمَنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىل مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن)، كىمكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭدىن كېيىن كىمكى ئاللاھقا بوھتان چاپلايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
قُلْ صَدَقَ اللَّهُ ۗ فَاتَّبِعُوا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت) ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئۇ (يەنى ئىبراھىم) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «ئاللاھ راست ئېيتتى، ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئاللاھ راست ئېيتتى. ئۇنداقتا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى». — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ
ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەقىقەتەن، جاھان ئەھلىگە بەرىكەت ۋە ھىدايەت بولغان، ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) سېلىنغان تۇنجى ئۆي مەككىدىكى ئۆي (بەيتۇللاھ) دۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ بەرىكەتلىكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
(96-97) «مەككىدىكى كەئبە» - ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ھۆرمەتلىك ئۆيى بولۇپ، ئۇ چۆرىسىدە ناماز ئۆتەش، تاۋاپ قىلىش ۋە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ ھەج ۋە ئۆمرە قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئىبادەتگاھى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇ «ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەتلىكتۇر، ھىدايەتتۇر»، يەنى كەئبە قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ھەم دۇنيالىق ھەم ئاخىرەتلىك بەرىكەت مەنبەسىدۇر ۋە ھىدايەت مەركىزىدۇر، چۈنكى بارالىغان ئىنسانلار كەئبىنىڭ چۆرىسىدە ۋە كەئبە جايلاشقان شەھەر مەككىدە باشقا يەردە ئادا قىلالمايدىغان مەخسۇس ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر جەھەتتىن ئىلىمگە ئىگە بولىدۇ. بارالمىغان ئىنسانلار بولسا، كەئبە تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئۆتەيدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھەق ئۈستىدە ئىتتىپاق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. «ئۇنىڭدا روشەن ئايەتلەر بار» - كەئبىنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر بار. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ توختىماي تاۋاپ قىلىنىشى، سەفا، مەرۋە، مىنا، مۇزدەلىفە ۋە ئەرەفات، شۇنداقلا ئۇ يەرلەردە ئادا قىلىنىدىغان ئۆزگىچە ئىبادەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىرەر ئالامەتتۇر. ماقامى ئىبراھىم ئەنە شۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. «كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ»، چۈنكى كەئبە جايلاشقان شەھەر، بولۇپمۇ ھەرەم رايونى ھۆرمەتلىك ۋە ئامان جاي بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچكىمگە ھېچكىم چېقىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ يەرگە كىرگەن كىشى جان - مېلىغا بىرەر زىيان - زەخمەت يېتىشتن ئەندىشە قىلمايدۇ. «ئۇ ئىبادەتگاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنى ھەج قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر» - ئۇ ئىبادەتگاھ (كەئبە) جايلاشقان يەرگە بېرىشقا قادىر بولالىغانلارنىڭ ھەج قىلىشى، يەنى ئۇ يەرگە بېرىپ بەلگىلەن جايلاردا، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە، بەلگىلەنگەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشى پەرزدۇر. «كىم كافىر بولسا، ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر» - كىم ھەجنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلسا ياكى قادىر بولۇپ تۇرۇپ ھەج قىلمىسا ئۆزى زىيان تارتىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ھېچ نەرسىگە ۋە ھېچكىمگە ئېھتىياجى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِيهِ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ مَقَامُ إِبْرَاهِيمَ ۖ وَمَنْ دَخَلَهُ كَانَ آمِنًا ۗ وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ
ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم (شۇلارنىڭ بىرى)، بەيتۇللاھقا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرىدۇر، بەيتۇللاھغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى تاۋاپ قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى بۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىم كافىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَاللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا تَعْمَلُونَ
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ۋەھالەنكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان تۇرسا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە نېمىشقا كافىر بولىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
(98-99) ئەھلى كىتاب ئۆز قوللىرىدىكى ئىلاھىي كىتابلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى، لېكىن ئۇ كىتابلاردىكى بەزى ئايەتلەرنى، بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى، كەئبىنىڭ قىبلە ئىكەنلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە زالىملىقلىرى سەۋەبلىك ھارام قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەۋرات بىلەن ھارام قىلىنغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى ئىنكار قىلاتتى، شۇنداقلا باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (ئىسلامدىن) توساتتى ۋە ئۇ يولنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن بۇ قىلمىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى سوراشقا بۇيرۇلىدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ تَبْغُونَهَا عِوَجًا وَأَنْتُمْ شُهَدَاءُ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) (ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) شاھىت بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىپ مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! مۇئمىنلارنى نېمىشقا ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىسىلەر؟ ئۇ يولنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس». — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تُطِيعُوا فَرِيقًا مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ يَرُدُّوكُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ كَافِرِينَ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كافىرلىققا قايتۇرۇۋېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر كىتاب بېرىلگەنلەردىن بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ كافىر قىلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر تەۋرات ۋە ئىنجىل بېرىلگەن كىشىلەردىن دىنىڭلاردا شۈبھە بارلىقىنى ئېيتقان گۇرۇھنىڭ كەينىگە كىرسەڭلار، ئۇلار سىلەرنى ھىدايەت تاپقىنىڭلاردىن كېيىن قايتا ئازغۇنلۇققا، ئىمان كەلتۈرگىنىڭلاردىن قايتا كۇفرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ھېچبىر پىكرىنى قوبۇل قىلماڭلار، ھېچبىر سۆزىگە قۇلاق سالماڭلار، ھېچبىر كۆزقارىشىغا قوشۇلماڭلار. ئەكسى تەقدىردە سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاش كافىر بولۇپ كېتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَيْفَ تَكْفُرُونَ وَأَنْتُمْ تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ آيَاتُ اللَّهِ وَفِيكُمْ رَسُولُهُ ۗ وَمَنْ يَعْتَصِمْ بِاللَّهِ فَقَدْ هُدِيَ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇۋاتقان (يەنى ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالماي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل بولۇۋاتقان) ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (ھايات) تۇرغان تۇرسا، قانداقمۇ كاپىر بولۇسىلەر؟ كىمكى ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرغان ئەھۋالدا، سىلەر قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئاراڭلاردا بار! كىم ئاللاھنڭ پاناھىغا سېغىنسا ھىدايەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئەھلى كىتابتىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇئمىنلارنى (ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەرنى) ئىمانىدىن ياندۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ئالدىنقى (100 -) ئايەت بىلەن بۇ ئايەتتە بولسا، ئەھلى كىتاب بۇ ئارزۇسىغا، مۇئمىنلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلغان تەقدىردىلا يېتەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ كىتابى ئۆزلىرىگە تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۆز ئارىسىدا ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق ئەھلى كىتابقا ئىتائەت قىلسا، ناھايىتى سەت ئىش قىلغان بولىدىغانلىقى سەمىگە سېلىنىدۇ، ئاخىرىدا توغرا يولدا بولۇشنىڭ شەرتى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار. — ئەنەس ئالىم
(102-103) ئاللاھ تائالا 100 - ۋە 101 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارنى ئەھلى كىتاب كافىرلىرىغا ئىتائەت قىلغان تەقدىردە تارتىدىغان زىيان ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ ۋە قانداق كىشىنىڭ توغرا يولدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەردە بولسا، مۇئمىنلارنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) «ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىش» - ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا قۇربى يېتىشىچە، قولىدىن كېلىشىچە ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە بويسۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»، شۇڭلاشقا باشقا بىر ئايەتتە «كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېيىلىدۇ. 2) «مۇسۇلمان ھالىتىدىلا ئۆلۈش»- ھەر لەھزىدە ئىسلام ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى، ئوڭ - سولغا بۇرۇلماسلىقنى ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە مۇسۇلمانلىق سۈپىتىنى ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. 3) «ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىش ۋە بۆلۈنمەسلىك» - ئاللاھنىڭ كىتابى (قۇرئان) ئەتراپىدا بىرلىشىش ۋە ئىتىپاقلىشىشنى، دىندا بۆلۈنۈپ پىرقىلەرگە ئايرىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى» - ئاللاھنىڭ قۇرئانى دېمەكتۇر، چۈنكى باشقا بىرقانچە ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. تۆۋەندىكى رىۋايەتمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ: رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «قۇرئان ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن. 4) «ئاللاھنىڭ بىر - بىرى بىلەن دۈشمەن ئىنسانلارنى قېرىنداشلارغا ئايلاندۇرغان نېمىتى» - «ئىسلامىي قېرىنداشلىق» نېمىتىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا يىللاردىن بۇيان بىر - بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، بىر - بىرىدىن نەپرەت قىلىشىپ ۋە ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ كەلگەن قەبىلىلەر ئىسلامدىن ئىبارەت نېمەت بىلەن بىر - بىرىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان دوستلارغا ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان قېرىنداشلارغا ئايلانغان. ئۇلار ناۋادا كونا دۈشمەنلىكى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكەتتى، لېكىن ئۇلار ئىسلام بىلەن نىجاتلىققا ئېرىشكەن. ئەگەر ئىسلام نېمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى خەجلەپمۇ بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمايتتى. بۇ ئەھۋال قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىسلامىي قېرىنداشلىق ئېڭى بىلەن ياشىغانلار ھەر ئىككى دۇنيادا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 103-ئايەت) قېرىنداشلىق ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىلاھىي دەلىللەر ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئۈممەتنىڭ بىرلىكىوَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ كُنْتُمْ أَعْدَاءً فَأَلَّفَ بَيْنَ قُلُوبِكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ بِنِعْمَتِهِ إِخْوَانًا وَكُنْتُمْ عَلَىٰ شَفَا حُفْرَةٍ مِنَ النَّارِ فَأَنْقَذَكُمْ مِنْهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر چوڭقۇر دوزاخنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا[20] ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار ۋە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: سىلەر بىر -بىرىڭلارغا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ قەلبىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر يەنە چوڭقۇر ئوتنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۇ يەردىن قۇتقۇزدى. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. توغرا يولغا كەلگەيسىلەر! — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 104-ئايەت) ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش ھەمكارلىق ياخشىلىققا بۇيرۇش يامانلىقتىن توسۇشوَلْتَكُنْ مِنْكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كىشىلەرنى خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن خەيرلىك ئىشلارغا چاقىرىدىغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان بىر ئۇممەت بولسۇن. مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى ياخشىغا (ئىسلامغا) چاقىرىدىغان، ياخشىلىققا بۇيرۇيدىغان ۋە يامانلىقتىن توسىدىغان ئۇممەت بولۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاندىن مۇشۇنداق ئۇممەتنىڭ مۇرادىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئەقىدىسىنى توغرىلاش، ئىبادەتلىرىنى ئورۇنداش، ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە مۇئامىلىسنى دۇرۇسلاش قاتارلىقلار بىلەن تۈگىمەيدۇ. بۇ ئىشلار مۇسۇلمانلىقنىڭ يېرىمىدۇر. مۇسۇلمانلىقنىڭ قالغان يېرىمى بولسا، مۇسۇلمان بولمىغانلارنى ئىسلامغا، بىرەر ياخشى ئىشنى قىلمايۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئۇ ياخشى ئىشنى قىلىشقا، بىرەر يامان ئىشنى قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ئۇ يامان ئىشنى تەرك ئېتىشكە دەۋەت قىلىشتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئىككىدۇر: بىرى ئۆزىنى تۈزىتىش، يەنە بىرى بىراۋنى ئۆزىنى تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىش. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە دىل، تىل، بەدەن ۋە مال بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغانلارنىڭ مۇرادىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى بۇ ئىبادەتلەر ھەر ئىككى ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، دەۋەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلارنىڭ مۇرادىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە بىلدۈرىدۇ. بۇ، دەۋەت پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ تَفَرَّقُوا وَاخْتَلَفُوا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ ۚ وَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنۈپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بۆلۈنگەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقانلاردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلارغا چوڭ ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
(105-107) ئاللاھ تائالا بىرىنچى (105 -) ئايەتتە مۇئمىنلارنى ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ ئىختىلاپ ۋە تەپرىقىگە چۆمگەن ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قېلىشتىن توسىدۇ ۋە ئۇلار دۇچار بولىدىغان يامان ئاقىۋەتنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ مۇئمىنلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاندىن كېيىنكى ئىككى (106 - ۋە 107 -) ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئۇ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇش كۈنىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ كۈندە ئىنسانلارنىڭ «قارا يۈزلۈكلەر» ۋە «ئاق يۈزلۈكلەر» بولۇپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ اسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى): «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت كۈنىدە بەزىلەرنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ. يۈزى قارىداپ كەتكەنلەرگە: «ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن يەنە كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ ۋە بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَمَّا الَّذِينَ ابْيَضَّتْ وُجُوهُهُمْ فَفِي رَحْمَةِ اللَّهِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
يۈزى ئاقارغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا (يەنى جەننەتتە) مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يۈزى ئاقىرىپ كەتكەنلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغان جەننەتتە بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
يۈزى ئاقارغانلار بولسا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئۇ رەھمەتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
تِلْكَ آيَاتُ اللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِالْحَقِّ ۗ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِلْعَالَمِينَ
بۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر، ئۇلارنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىمىز، ئاللاھ جاھان ئەھلىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىمىز، ئاللاھ جاھان ئەھلىگە ئۇۋال قىلىشنى خالىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. بىز ئۇلارنى ساڭا ھەق بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. ئاللاھ ئالەملەرگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە، يۇقىرىدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇپ بېرىلگەن ئايەتلەرنىڭ ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىش تۈگۈل زۇلۇم قىلىشنى ئىرادىمۇ قىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئايەتلەرگە بويسۇنغانلارنىڭ نىجات تاپىدىغانلىقىغا ۋە يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدىغانلىقىنى زىكىر قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئادىللىق ياخشىغا مۇكاپات، يامانغا جازا بېرىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى يالغۇز ئۆزىنىڭلا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى يەنى قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىرىغا مۇكاپات، يامانلىرىغا جازا بېرىشنى پەقەت ئۆزىنىڭلا قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 110-ئايەت) ئىمان ياخشىلىققا بۇيرۇش يامانلىقتىن توسۇش ئۈممەتنىڭ بىرلىكى كىتاب ئەھلىكُنْتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ ۗ وَلَوْ آمَنَ أَهْلُ الْكِتَابِ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ ۚ مِنْهُمُ الْمُؤْمِنُونَ وَأَكْثَرُهُمُ الْفَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ خەيرلىك ئۇممەتسىلەر، ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسىسىلەر ۋە ئاللاھقا ئىشىنىسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتابمۇ ئىمان ئېيتقان بولسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئۇلاردىن مۇئمىنلارمۇ بار، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
(110-115) ئەھلى كىتاب ئۈچكە ئايرىلىدۇ: 1) يامان ئۆلىمالار، 2) يامان ئۆلىمالارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغان جاھىللار. بۇ ئىككى پىرقە قۇرئان كەرىمدە ئەيىبلىنىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. 3) ئۆز كىتابىغا توغرا شەكىلدە ئىشەنگەن ۋە لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلغان ياخشى ئۆلىمالار. بۇلار قۇرئان كەرىمدە مەدھىيەلىنىدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ يەردە، 110 - ئايەتتە مۇئمىنلارنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇغان، يامانلىقتىن توسقان ۋە توغرا ئىمانىنى ساقلىغان مۇددەت ئىچىدە «ياخشى ئۇممەت» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئەھلى كتابقا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدىغان يولنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يول بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئازلا بىر قىسمىنىڭ ھەقىقىي مۇئمىن، كۆپىنچىسىنىڭ توغرا يولدىن چىققان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 111 - ئايەتتە يولدىن چىققان بۇ كۆپچىلىكنىڭ مۇئمىنلارغا ھاقارەت قىلىشتىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى، مۇئمىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلسا قورقۇپ تىكىۋېتىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا زەپەر قازىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 112 - ئايەتتە ئۇلارغا بېرىلگەن جازالار ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلدۈرىدۇ. 113 - ۋە 114 - ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەزكۇر ئاز سانلىق ياخشى كىشىلەرنى تونۇتىدۇ. 115 - ئايەتتە بۇ ئاز سانلىق كىشىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى «تەقۋادارلار» دەپ مەدھىيىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَنْ يَضُرُّوكُمْ إِلَّا أَذًى ۖ وَإِنْ يُقَاتِلُوكُمْ يُوَلُّوكُمُ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنْصَرُونَ
ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ بەدەر قاچىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سىلەرگە ھاقارەت قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 112-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئادالەتسىزلىك كاپىرلىق كىتاب ئەھلى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ أَيْنَ مَا ثُقِفُوا إِلَّا بِحَبْلٍ مِنَ اللَّهِ وَحَبْلٍ مِنَ النَّاسِ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الْمَسْكَنَةُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
قەيەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، موھتاجلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى، ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ۋە مۇئمىنلارنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنمىغىچە خارلىققا چۆمىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە موھتاجىلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
لَيْسُوا سَوَاءً ۗ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ أُمَّةٌ قَائِمَةٌ يَتْلُونَ آيَاتِ اللَّهِ آنَاءَ اللَّيْلِ وَهُمْ يَسْجُدُونَ
ئۇلار بىرخىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن) كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائە بار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئوخشاش ئەمەس، ئەھلى كىتاب ئىچىدە كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر توپ كىشى بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە توغرا بىر ئۇممەت بار. ئۇلار كېچىلىرى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، سەجدە قىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم
-
يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَأُولَٰئِكَ مِنَ الصَّالِحِينَ
ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرلىك ئىشلارنى بەس-بەستە قىلىشىدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ ۋە خەيرلىك ئىشلاردا بەسلىشىدۇ. ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا يَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَلَنْ يُكْفَرُوهُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالْمُتَّقِينَ
ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قانداق ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ ساۋابىدىن ھەرگىزمۇ مەھرۇم قالمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَنْ تُغْنِيَ عَنْهُمْ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۚ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەرگىز ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، كافىرلارنىڭ مال-دۇنيالىرى، بالىلىرى ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
(116-117) كافىرلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارنىڭ جازاسى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشتۇر.، 116 - ئايەت بۇ ئىككى ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، كافىرلارغا بۇ دۇنيادا تۇغقانلىرىغا قىلغان سىيلە - رەھىم، كەمبەغەللەرگە بەرگەن خەير - ساخاۋەت، موھتاجلارغا قىلغان ئىئانە ۋە ياخشى يوللارغا قىلغان ئىقتىسادىي ياردەم... قاتارلىق ياخشى ئىشلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، 117 - ئايەتتە مانا بۇ ھەقىقەت بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ قىلغان چىقىملىرىنىلا قوبۇل قىلىدۇ . چىرايلىق ئۆسكەن زىرائەتنى سوغۇق شامال (ئۈششۈك) نابۇت قىلىۋەتكەندەك، ئۇلارنىڭ كافىرلىقى ئۇ چىقىملارنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 117-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى كاپىرلىق تەمسىل ۋە ئوخشىتىشلار ھاياتقا ھېرىسمەنلىكمَثَلُ مَا يُنْفِقُونَ فِي هَٰذِهِ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَثَلِ رِيحٍ فِيهَا صِرٌّ أَصَابَتْ حَرْثَ قَوْمٍ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ فَأَهْلَكَتْهُ ۚ وَمَا ظَلَمَهُمُ اللَّهُ وَلَٰكِنْ أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا (رىيا قىلىپ) بەرگەن سەدىقىلىرى، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ زىرائىتىگە تېگىپ ئۇنى نابۇت قىلىۋەتكەن سوغۇق شامالغا ئوخشايدۇ (ئىگىلىرىنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن نابۇت قىلىنغان بۇ زىرائەتكە ئوخشاش، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بەربات قىلىدۇ). ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى ۋەلېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا بەرگەن سەدىقىلىرى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ شىۋىرغان شامال ئۈششۈتۈپ نابۇت قىلىۋەتكەن زىرائىتىگە ئوخشايدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان چىقىملىرىنىڭ ئەھۋالى سوغۇق شامالنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشكى، ئۇ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ زىرائىتىگە تېگىپ ئۇنى نابۇت قىلىۋەتتى. ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا بِطَانَةً مِنْ دُونِكُمْ لَا يَأْلُونَكُمْ خَبَالًا وَدُّوا مَا عَنِتُّمْ قَدْ بَدَتِ الْبَغْضَاءُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ وَمَا تُخْفِي صُدُورُهُمْ أَكْبَرُ ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشىشىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن بولمىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا سىرداش قىلىۋالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە يامانلىق قىلىدۇ، سىلەرنىڭ مۇشەققەت تارتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، دىللىرىدا يوشۇرۇۋاتقان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار بىز سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
(118-120) مۇئمىنلار مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر، كافىرلارمۇ كافىرلارنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر، چۈنكى مۇئمىنلار بىلەن كافىرلار بىر - بىرىگە زىت ئىككى يولنىڭ يولۇچىلىرىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە مۇئمىنلارنى، كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتىن (يەنى كافىرلارنى دوست تۇتۇش، ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋېلىش، كۇفرىلىقىدا ۋە ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارغا قارشىلىق قىلىشىدا سۆز - ھەرىكەتلىرىدە ئۇلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش قاتارلىقلاردىن) توسىدۇ ۋە ئۇنداق قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (118 ~ 120 - ئايەتلەردىمۇ) مۇئمىنلارنى، مۇئمىنلاردىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە سىرداش (ئۆزئارا سىردىشىدىغان يېقىن، دوست، ئاغىنە) قىلىۋېلىشتىن توسىدۇ، بۇ چەكلىمىنىڭ سەۋەب ۋە ھېكمەتلىرىنى بايان قىلىدۇ، مۇئمىنلارغا كافىرلارنىڭ يامانلىق ۋە زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىنىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَا أَنْتُمْ أُولَاءِ تُحِبُّونَهُمْ وَلَا يُحِبُّونَكُمْ وَتُؤْمِنُونَ بِالْكِتَابِ كُلِّهِ وَإِذَا لَقُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا عَضُّوا عَلَيْكُمُ الْأَنَامِلَ مِنَ الْغَيْظِ ۚ قُلْ مُوتُوا بِغَيْظِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ (سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ)، سىلەر(ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ)، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار! (يەنى ئاللاھ ئۆلگىنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن!)» ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ، سىلەر(ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر، (ئۇلار سىلەرنىڭ كىتابىڭلارغا ئىشەنمەيدۇ) ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتىقىنكى، «ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈڭلار!». ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
دىققەت، سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلارنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. سىلەر كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىسىلەر. ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، يالغۇز قالغان چاغلىرىدا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ئۇلارغا «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار» دېگىن. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 120-ئايەت) سەۋر ئاللاھقا ئىشىنىش ئېتىقادىي دوست ۋە دۈشمەن ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا)إِنْ تَمْسَسْكُمْ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ وَإِنْ تُصِبْكُمْ سَيِّئَةٌ يَفْرَحُوا بِهَا ۖ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا لَا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ
ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىيمەت قاتارلىق) بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە بىرەر يامانلىق كەلسە ئۇلار خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذْ غَدَوْتَ مِنْ أَهْلِكَ تُبَوِّئُ الْمُؤْمِنِينَ مَقَاعِدَ لِلْقِتَالِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن (ئۇھۇدقا) چىقىپ مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن چىقىپ (ئۇھۇدتا) مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىڭ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا سەن مۇئمىنلارنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەتىگەن ئائىلەڭدىن ئايرىلىپ يولغا چىققان ئىدىڭ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(121-122) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مۇئمىنلارغا، سەۋر قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان تەقدىردە دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە، ئۇلارغا «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دىكى مەغلۇبىيەتنى ئەسلىتىپ، سەۋرچانلىق ۋە تەقۋادارلىق قىلمىسا باشلىرىغا مۇسىبەت كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە بولسا، «بەدىر ئۇرۇشى»دىكى غالىبىيەتنى ئەسلىتىپ سەۋرچانلىق ۋە تەقۋادارلىق قىلسا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دەرۋەقە ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار بىلەن مەككە مۇشرىكلىرى ئوتتۇرىسىدا ھىجرىيە ئۈچىنچى يىلى بولغان «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دا مۇئمىنلار قوشۇنىنىڭ ئىككى قانىتى مۇنافىقلارغا ئەگىشىپ ئۇرۇشتىن چېكىنمەكچى بولغان، لېكىن ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن چېكىنمىگەن. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىككى قاناتنىڭ ئۇرۇشتىن چېكىنمەكچى بولۇشى، بەزىلەرنىڭ مۇنافىقلارغا ئەگىشىپ يېرىم يولدا مەدىنىگە قايتىشى، «ئوقچى قىسىم»نىڭ، جەڭگاھتىكىلەر غالىب كەلسىمۇ مەغلۇپ بولسىمۇ مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەك بولغان تۆپىلىكتىن غەنىيمەتنى كۆزلەپ چۈشۈپ كېتىشى، بەزىلەرنىڭ جەڭ مەيدانىدىن قېچىشى قاتارلىق خاتالىقلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇئمىنلار قوشۇنى بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان. ئەمما بىر يىل ئىلگىرى (ھىجرىيە ئىككىنچى يىلى) مەزكۇر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بولغان «بەدىر ئۇرۇشى»دا مۇئمىنلار قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەن، شۇنداقلا غەلىبە قازانغان. دېمەككى، «سەۋر قىلىش» - بەرداشلىق بېرىش، مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە بەلنى قويۇپ بەرمەسلىكتۇر. «تەقۋادارلىق» بولسا، بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش ۋە قولدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشتۇر. بۇ ئىككى پەزىلەتنىڭ مۇكاپاتى ئۈستۈنلۈك ۋە غەلىبىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ هَمَّتْ طَائِفَتَانِ مِنْكُمْ أَنْ تَفْشَلَا وَاللَّهُ وَلِيُّهُمَا ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى سەلەمە ئايمىقى بىلەن بەنى ھارىسە ئايمىقى) ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتماقچى) بولدى؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى. (مۆمىنلەر جىمى ئەھۋالى ۋە جىمى ئىشلىرىدا) ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن! — مۇھەممەد سالىھ
شۇ چاغدا سىلەردىن ئىككى توپ ئادەم مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەپ قالدى، ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى، شۇڭا مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىشى لازىم — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ، ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيسى[21] تۇرۇقلۇق ئۇرۇشتىن چېكىنمەكچى بولدى. مۇئمىنلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ بِبَدْرٍ وَأَنْتُمْ أَذِلَّةٌ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئاللاھ سىلەرگە بەدرىدە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قورالىڭلار ئاز ئىدى). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
بەدرى ئۇرۇشىدا سىلەرنىڭ كۈچۈڭلار ئاجىز بولسىمۇ، ئاللاھ سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلدى، شۇڭا، شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە بەدىردە نۇسرەت ئاتا قىلدى. سىلەر ئۇ چاغدا ناھايىتى كۈچسىز ئىدىڭلار. ئۇنداقتا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۈكۈر قىلغان بولىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(123-127) «بەدىر ئۇرۇشى»دا مۇئمىنلار مۇشرىكلارغا نىسبەتەن سان جەھەتتە ئاز، قورال - ياراغ جەھەتتە تۆۋەن ئىدى. چۈنكى مۇئمىنلار مەدىنىدىن، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ شام تەرەپتىن قايتىپ مەككىگە كېتىۋاتقان «سودا كارۋىنى»نى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن چىققان ئىدى. مۇشرىكلار بولسا، مەككىدىن مۇئمىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. «سودا كارۋىنى» باشقا يول بىلەن كەتكەن بولۇپ، مۇئمىنلار ئويلىمىغان يەردىن مۇشرىكلار قوشۇنى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئۇرۇشنىڭ بولۇشىنى، بۇ ئۇرۇشتا مۇئمىنلارغا زەپەر نېسىپ قىلىشنى ۋە مۇشرىكلار قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇلارغا زەربە بېرىشنى ئىرادە قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇئمىنلارغا مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ سانىنى ئاز كۆرسەتكەن، مۇئمىنلارنى ئۇيقۇغا كەتكۈزۈپ ئەندىشىسىنى يوقاتقان، يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇلارنى پاكلىغان، كۆڭۈللىرىنى خاتىرجەم ۋە قەدەملىرىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلارنىڭ ياردەم تىلىشى بىلەن ئۇلارغا دەسلەپتە مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بەرگەن، ئاندىن مۇئمىنلارنىڭ ئەندىشىسىنى يوقىتىپ ئۇلارنى تولۇق خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بۇ ساننى مىڭدىن ئۈچ مىڭغا چىقارغان، مۇئمىنلار جەڭ مەيدانىدا چىداپ سابىت قەدەم تۇرۇش، قولىدىن كەلگەن تەدبىرنى ئېلىش ۋە بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش قاتارلىق شەرتنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، دۈشمەن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان ئەھۋال ئاستىدا بەش مىڭ پەرىشتە ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۇلارغا زەپەرنىڭ بېشارەتچىسى بولغان، شۇنداقلا كۆڭۈل ئاراملىقىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلار قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئاللاھ زەپەر ئاتا قىلغان، نەتىجىدە مۇئمىنلار مۇشرىكلارنى يەڭگەن ئىدى. بۇ يەردە 123 - ئايەتتە مۇئمنلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئەنە شۇ نۇسرەتنى ئاتا قىلغانلىقى ئەسلىتىلىدۇ. ئاندىن 124 ~ 127 - ئايەتلەردە ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ، مۇئمىنلارغا سەۋر قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان تەقدىردە ئاللاھ تائالانىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىش ۋەدىسىنى ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى يەتكۈزۈشى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئەسكەرتىش: 127 - ئايەتتىكى «كافىرلاردىن بىر تەرەپنى يوق قىلىش» ئىپادىسى - جەڭ مەيدانىدا ئۇلارنىڭ بىر بۆلىكىنى ھالاك قىلىش دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَنْ يَكْفِيَكُمْ أَنْ يُمِدَّكُمْ رَبُّكُمْ بِثَلَاثَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُنْزَلِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دەيتتىڭ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دېگەن ئىدىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن ئۇ چاغدا مۇئمىنلارغا: «رەببىڭلارنىڭ ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ سىلەرگە ياردەم بېرىشى سىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولمامدۇ؟» دەيتتىڭ. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 125-ئايەت) سەۋر پەرىشتىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا) سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەشبَلَىٰ ۚ إِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُمْ مِنْ فَوْرِهِمْ هَٰذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُمْ بِخَمْسَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ
شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادار بولساڭلار، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئالاھىدە بەلگىلىك بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادارلىق قىلساڭلار ۋە دۈشمىنىڭلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، رەببىڭلار سىلەرگە نىشانلىق بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ[22]. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 126-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ھېكمەت ئاللاھقا ئىشىنىش پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرىوَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُمْ بِهِ ۗ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
ئاللاھ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى) پەقەت سىلەرگە خۇشخەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن (شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ پەقەت سىلەرگە خۇش خەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدى. ياردەم پەقەت ھەممىگە غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
لِيَقْطَعَ طَرَفًا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَوْ يَكْبِتَهُمْ فَيَنْقَلِبُوا خَائِبِينَ
(ئاللاھنىڭ ياردىمى) كاپىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشلىرى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ يەنە كافىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ، ئاللاھنىڭ كافىرلاردىن بىر تەرەپنى كېسىشى[23] ياكى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈمىدسىز ھالدا قايتۇرۇشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 128-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىلاھىي ئىرادە پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمەلَيْسَ لَكَ مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ أَوْ يُعَذِّبَهُمْ فَإِنَّهُمْ ظَالِمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ھېچ ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەدبىرى) سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولسا) تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن (كۇفرىدا چىڭ تۇرسا) ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارنى يا تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، يا زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئازابقا دۇچار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۈچۈن سەن قىلىدىغان بىرەر ئىش يوق. ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ يا ئۇلارنى زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئازابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە بەندىلەرگە لەنەت قىلىش، غەزەپ قىلىش، جازالاش، ياكى رەھمەت قىلىش، ئىنئام قىلىش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئىشلاردىن ھېچبىرىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىگە ئەمەسلىكى، بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پەقەت ئاللاھنىڭلا ئىلكىدە ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالا ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن كىشىلەرنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقى ۋە تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، زۇلۇم قىلغانلارنى ئازابلايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بايان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بەندىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقۇرۇشتىن ھېچ نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئەمەس، يەنى سەن بەندىلەرنىڭ لەنەت ۋە غەزەپكە يولۇقۇشى، ياكى رەھمەت ۋە ئىنئامغا ئېرىشىشى توغرىسىدا ئىلاھىي ئىرادىگە ھېچقانداق مۇداخىلە قىلالمايسەن. سېنىڭ ۋەزىپەڭ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ تەبلىغ قىلىش يەنى توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكلەشتۇر. سەن تەبلىغ قىلغاندىن كېيىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، چۈنكى ئاللاھ كىمنىڭ ھىدايەتكە، كىمنىڭ زالالەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 129-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تۆۋە-ئىستىغپاروَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ئاسمانلاردىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مۈلكى ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئالدىنقى ئايەتنىڭ مەزمۇنى تەكىتلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، جىنلار، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، ئاسمان جىسىملىرى ۋە بارلىق ئانئورگانىك ماددىلار) ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرماقتا ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئاللاھ داۋاملاشتۇرماقتىدۇر. بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ يەنە بىرى ئۈستىدە بىرەر ئىگىدارچىلىقى يوق. بولۇپمۇ ھېچبىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ياكى ئازاب قىلىنىشى توغرىسىدا ئىلاھىي ئىرادىگە مۇداخىلە قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئۆزى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ (ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرۈپ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ)، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ (ھىدايەتكە لايىق كۆرمىگەن كىشىنى ئازغۇنلۇقىدا تەرك ئېتىدۇ ۋە گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلايدۇ). ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ئازابىدىن، رەھمىتى غەزىپىدىن ئىلگىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن (نەھيى قىلغان ئىشلارنى تەرك ئېتىپ) قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈمنى يېمەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(130-132) جازانىخورلۇق ئىقتىسادىي ھاياتنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان قەرز مۇئامىلىسى بولۇپ، بۇ مۇئامىلە قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە قەتئىي چەكلىنىدۇ، جازانىگە بېرىلگەن پۇل - مالنىڭ ئاقىۋىتى بىلدۈرۈلىدۇ، جازانىخورلارنىڭ جازالىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان جازانە ۋە ئۆسۈمنى يېمەڭلار (يەنى ئۇ مۇئامىلىنى قىلماڭلار). ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە جەننىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر. كۇفرىلىق قىلغانلارغا تەييارلانغان دوزاخقا تاشلىنىشتىن قورقۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن دىققەت قىلىڭلار. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى توسقان ئىشلاردىن، بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك مۇئامىلە قىلىشتىن ۋە ئۆسۈم ئېلىش - بېرىشتىن ساقلىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ
كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن (يەنى دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئىشلاردىن) ساقلىنىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(132-136) يۇقىرىدا جازانە ۋە ئۆسۈم يېمەسلىك بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ كافىرلارغا تەييارلىغان دوزىخىدىن ساقلىنىشقا بۇيرۇلغان مۇئمىنلار بۇ (132 - ۋە 133 -) ئايەتلەردە ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلارغا تەييارلىغان جەننىتىگە ئالدىراشقا بۇيرۇلىدۇ، ئاندىن ئىككى ئايەتتە (134 - ۋە 135 -) ئايەتلەردە، ئۇ تەقۋادارلارنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنىدۇ، ئاندىن بىر (136 -) ئايەتتە ئۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان تەقۋادارلارنىڭ مەغپىرەت ۋە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ، شۇنداقلا جەننەتتە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 133-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى تەقۋادارلىق تۆۋە-ئىستىغپار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشوَسَارِعُوا إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ
پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىشكە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە كىرىشكە ئالدىراڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئالدىراڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان. — ئەنەس ئالىم
-
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرىدىغان ئادەملەردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ مال چىقىم قىلىدۇ، ئاچچىقىنى يۇتىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَىٰ مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ
تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تەقۋادارلار بىرەر چوڭ گۇناھ قىلىپ قالسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، گۇناھنى ئاللاھتىن باشقا كىم كەچۈرەلەيدۇ؟ ئۇلار خاتا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىرەر قەبىھ ئىش قىلغان ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ - گۇناھلارنى ئاللاھتىن باشقا كىم مەغپىرەت قىلىدۇ؟ - ۋە بىلىپ تۇرۇپ قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أُولَٰئِكَ جَزَاؤُهُمْ مَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ
ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى! — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى، رەببىنىڭ مەغپىرىتى ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى! — ئەنەس ئالىم
-
قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ سُنَنٌ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، (ھەقنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەن. شۇڭا، سىلەر ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، ھەقنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنلىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىندى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارغا ئالدى بىلەن تەسەللى بېرىدۇ، ئاندىن بۇنىڭدىن ئېتىبارەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك خۇسۇسلارنى، ئۆزىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ئىجرا قىلىدىغان قانۇنىنى بايان قىلىپ، «ئۇھۇد كۈنى»دىكى مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! سىلەر بىلەن دۈشمىنىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرىكى قەۋملەردە (نۇھ، ھۇد، سالىھ ۋە لۇتنىڭ قەۋملىرىدە) ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇ قەۋملەرگە ئۆز ئىچىدىن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ۋە يەتكۈزگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنگەنلەر بىلەن ئىشەنمىگەنلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت، كۈرەش ۋە ئۇرۇشلار مەيدانغا كەلگەن. ئىنكارچىلار ۋاقىتلىق غالىب كەلگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئاخىرىدا زەپەر مۇئمىنلارغا نېسىپ بولغان. بۈگۈنمۇ ئەنە شۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ: ئاللاھ سىلەرگە، قولۇڭلاردىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش ۋە قوماندانغا ئىتائەت قىلىش شەرتى بىلەن نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۈبھىلىنىدىغان بولساڭلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئىنكارچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَٰذَا بَيَانٌ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةٌ لِلْمُتَّقِينَ
بۇ (قۇرئان) (پۈتكۈل) ئىنسانلارغا باياندۇر (يەنى ھالال بىلەن ھارامنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ)، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ قۇرئان ئىنسانلارغا باياندۇر، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن بايان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئىنسانلارغا ھەقنى باتىلدىن، ھىدايەتنى زالالەتتىن ئايرىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئىشىنىپ لايىق رەۋىشتە بويسۇنغانلارنى خاتىرجەملىك يولىغا باشلايدۇ ۋە لازىملىق مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَهِنُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَنْتُمُ الْأَعْلَوْنَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن تۇرۇقلۇق، (بەزى ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلىدىن) بوشىشىپ قالماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
بوشاڭلىق قىلماڭلار ۋە قايغۇرماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئەڭ ئۈستۈن بولغۇچىلار سىلەر بولىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(139-141) بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! «ئۇھۇد ئۇرۇشى كۈنى» بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ سەۋەبىنى بىلىسىلەر. ئۇنداقتا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلماڭلار، «ئۇھۇد كۈنى»دىكى مەغلۇبىيەت ۋە مۇسىبەت ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، چۈنكى ئۆتمۈشكە قايغۇرۇش ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇنى بىلىڭلاركى، سىلەر ئىمان ۋە تەقۋادارلىقتا چىڭ تۇرۇش شەرتى بىلەن غالىب كېلىسىلەر ۋە ئۈستۈن ماقامدا بولىسىلەر. «ئۇھۇد كۈنى» بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتلەر (مەغلۇبىيەت، ئىچىڭلاردىن بەزىلەرنىڭ شەھىد بولۇشى، بەزىلەرنىڭ يارىدار بولۇشى) سىلەرنى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بوشاشتۇرمىسۇن. ئۇ كۈنى سىلەر يارىلانغان بولساڭلار، «بەدىر كۈنى» دۈشمىنىڭلارمۇ يارىلانغان ئىدى. ئۇرۇشتا يېڭىش - يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ. غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەت ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇشۇنداق ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەب ۋە سىرى شۇكى، ئاللاھ مۇئمىنلارغا مەغلۇبىيەت يەتكۈزۈش بىلەن ئۇلارنى ئايرىشنى ۋە مۇنافىقلاردىن پاكلاشنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى شەھىدلىك ماقامىغا يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ. كافىرلارغا غالىبىيەت بېرىش بىلەن ئۇلارنى ئاستا - ئاستا ھالاكەتكە دۇچار قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ، چۈنكى كافىرلار غالىب كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلىشتا ۋە ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلەيدۇ، شۇنداقلا بارغانسېرى تۇيماستىن ھالاك بولۇشقا يېقىنلىشىدۇ، ئاخىرى ھالاك قىلىنىدۇ (تەلتۆكۈس يوق قىلىنىدۇ). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 140-ئايەت) شېھىتلىك ئىلاھىي سىناق پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشإِنْ يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ الْقَوْمَ قَرْحٌ مِثْلُهُ ۚ وَتِلْكَ الْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ النَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَتَّخِذَ مِنْكُمْ شُهَدَاءَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شەھىد بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شەھىدلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شەھىدلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، ـ ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەرگە تالاپەت يەتكەن بولسا، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا تالاپەت يەتكەن ئىدى. بۇنداق كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز، بۇ ئاللاھنىڭ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشى، سىلەردىن شېھىتلەرنى چىقىرىشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر سىلەر بۇ ئۇھۇد ئۇرۇشىدا يارىلانغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئۇ قەۋممۇ بەدىر ئۇرۇشىدا ئوخشاشلا يارىلانغان. بىز بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى بىلىشى[24] ۋە بەزىڭلارنى شېھىتلىك ماقامىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 141-ئايەت) كاپىرلىق ئىلاھىي سىناق قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناش مۆمىنلەرنى پاكلاشوَلِيُمَحِّصَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَمْحَقَ الْكَافِرِينَ
مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ يەنە ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى پاكلىشى ۋە كافىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ يەنە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى پاكلاپ، كافىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَعْلَمِ اللَّهُ الَّذِينَ جَاهَدُوا مِنْكُمْ وَيَعْلَمَ الصَّابِرِينَ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) ئاللاھ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي) تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ سىلەردىن ھەقىقىي جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى تېخى ئايرىماي تۇرۇپ، سىلەر جەننەتكە كىرىشنى ئويلىغانمىدىڭلار؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى سىلەر ئاللاھ ئىچىڭلاردىن جىھاد قىلغانلارنى تېخى بىلمىگەن ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنى تېخى بىلمىگەن تۇرۇپ جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(142-144) ئى مۇئمىنلار! سىلەر جەڭ مەيدانلىرىدا سىنالماستىن ۋە دىن يولىدا بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلماستىن «جەننەتكە كىرەمىز» دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ سىلەر تېخى «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەن سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىنى ئەمىلىيىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلىمىدىڭلارغۇ! ئۇنداق ئويلىماڭلار. سىلەر ئاللاھ يولىدا ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن كۈرەش قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالىسىلەر. بۇ سىناقلاردا ئىمانىدا سەمىمىي بولغان ۋە ئاللاھ يولىدا بەلنى قويۇۋەتمەي كۈرەش قىلىدىغانلار تاللىنىپ چىقىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادا رەھمەتكە ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دا بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ئەنە شۇ سىناقلارنىڭ پەقەتلا بىرىدۇر. «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دا سەۋرسىزلىك قىلدىڭلار ۋە مەغلۇپ بولدۇڭلار. سىلەر ئىچىڭلاردىن «بەدىر ئۇرۇشى»غا قاتنىشىپ ساۋاب قازانغان ۋە غەنىيمەت ئالغانلارنى كۆرۈپ، شەھىدلىك ماقامىغا يەتكەنلەرنى ئاڭلاپ، «بىر كۈنى بىزگىمۇ نېسىپ بولار!» دەپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ساۋاب ۋە غەنىيمەتكە ئېرىشىشنى، ھەتتا ئۇرۇشتا شەھىد بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، لېكىن «ئۇھۇد كۈنى» ئۇ ئارزۇيۇڭلارغا يېتىش پۇرسىتى كەلگەندە چىدىيالمىدىڭلار، سەۋرسىزلىك قىلدىڭلار، بوشاپ كەتتىڭلار، «مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپلا تىرىپىرەن بولدۇڭلار، تىكىۋەتتىڭلار. نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلار، نېمىشقا ئۆزۈڭلارغا بەرگەن ئەھدىڭلاردا تۇرمىدىڭلار؟ شۇنى بىلىڭلاركى، «مۇھەممەد پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئەلچىلەر كېلىپ كەتكەن». بىر ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇشى ئۇنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى ئەلچىلىرى دۇنيادىن كەتكەندەك، مۇھەممەدمۇ بىر كۈنى دۇنيادىن كېتىدۇ. بۇ يا ئۇنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن بولىدۇ. «مۇھەممەد ئۆلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە كەينىڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟!». كىم كەينىگە يېنىۋالسا (ئىماندىن چىقسا)، بىلسۇنكى، ئۇ بۇنداق قىلىش بىلەن ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئىماندىن چىققانلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ئىمانىغا ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىگە موھتاج ئەمەس. ئاللاھ ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرغان، ئىتائەتتە سەمىمىي بولغان ۋە ۋەزىپىسىنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغانلارنى دۇنيا - ئاخىرەتتە مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ كُنْتُمْ تَمَنَّوْنَ الْمَوْتَ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَلْقَوْهُ فَقَدْ رَأَيْتُمُوهُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
سىلەر ئۆلۈم (يەنى دۈشمەن) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنى كۆرۈپ قاراپ تۇرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ ۚ أَفَإِنْ مَاتَ أَوْ قُتِلَ انْقَلَبْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ ۚ وَمَنْ يَنْقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَنْ يَضُرَّ اللَّهَ شَيْئًا ۗ وَسَيَجْزِي اللَّهُ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، سىلەر ئىماندىن يېنىۋالامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىدىن يېنىۋالىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇھەممەد پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەر ئۆتتى. ئۇ ئۆلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَنْ تَمُوتَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ كِتَابًا مُؤَجَّلًا ۗ وَمَنْ يُرِدْ ثَوَابَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَنْ يُرِدْ ثَوَابَ الْآخِرَةِ نُؤْتِهِ مِنْهَا ۚ وَسَنَجْزِي الشَّاكِرِينَ
ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (يەنى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ). كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ
ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن. كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنىلا بېرىمىز؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ھېچكىم ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆلمەيدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئەجىلى بەلگىلىنىپ يېزىلغاندۇر. كىمكى دۇنيا مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، كىمكى ئاخىرەت نېمىتىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىڭدىن بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم
ھەر ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئاللاھتۇر. ئاللاھ ھەر ئىنساننىڭ ئەجىلىنى بەلگىلىگەن ۋە ئۆلۈم ۋاقتىنى يازغان بولۇپ، بۇ ۋاقىت قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ھېچبىر ئىنسان ئاللاھ ئۆلۈم پەرىشتىسىگە رۇخسەت قىلماستىن، شۇنداقلا ئۇ پەرىشتە ئۇنى ۋاپات قىلدۇرماستىن ئۆلمەيدۇ. ئالدى بىلەن بۇ ھەقىقەتنى بىلىشىڭلار كېرەك ۋە شۇنىمۇ بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاللاھ غازاتقا دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ قاتناشقانلارغا پەقەت دۇنيا مەنپەئەتىدىن بېرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئاخىرەت نېمەتلىرىدىن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما غازاتقا ئاخىرەت نېمەتلىرىنى كۆزلەپ قاتناشقانلارغا ئاللاھ دۇنيادىمۇ بېرىدۇ، ئاخىرەتتىمۇ بېرىدۇ، چۈنكى ئاخىرەتنى كۆزلەپ غازات قىلغانلار «شۈكۈر قىلغۇچىلار» قاتارىغا كىرىدۇ، ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَأَيِّنْ مِنْ نَبِيٍّ قَاتَلَ مَعَهُ رِبِّيُّونَ كَثِيرٌ فَمَا وَهَنُوا لِمَا أَصَابَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَا ضَعُفُوا وَمَا اسْتَكَانُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ
نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن تەقۋادار ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەر ئالدىدا روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى. ئاللاھ چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
نۇرغۇن نەبىيلەر بار ئىدى. ئۆزىنى رەببىگە ئاتىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقان ئىدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى ۋە بويۇن ئەگمىدى. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(146-148) «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دا مۇئمىنلار قوشۇنى سەۋرسىزلىك قىلغان، بۇيرۇققا ئىتائەتسىزلىك قىلغان ۋە جەڭ مەيدانىغا ئۆزلىرىنى چاقىرىۋاتقان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يالغۇز تاشلىۋېتىپ تاغ تەرەپكە قېچىشقان ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ (146 ~ 148 -) ئايەتلەردە ئىلگىرى ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ يېنىدا شىجائەت بىلەن ئۇرۇشۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىلاھىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جەسۇر ۋە جەڭگىۋار مۇئمىنلارنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يولىغا ئاتىۋەتكەن نۇرغۇنلىغان ئۆلىمالار، سالىھلار ۋە تەقۋادارلار ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇشقان. ئۇلار بوشاڭلىق قىلمىغان، روھسىزلانمىغان، دۈشمەنگە باش ئەگمىگەن. ئەكسىچە ئۆز پەيغەمبىرلىرىنىڭ يېنىدا سەۋرچانلىق كۆرسىتىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئاداققىچە كۈرەش قىلغان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى تىلىكى ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، مەيداندا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئۇرۇشۇش ۋە زەپەر قازىنىش ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇنيادا زەپەر، ئاخىرەتتە جەننەت قازاندى. ئى مۇئمىنلار! سىلەرچۇ؟ بوشاڭلىق، سەۋرسىزلىك ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلدىڭلار ، نەتىجىدە مەغلۇپ بولدۇڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، يامان ئىش قىلىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش، خاتا يولغا كىرىپ توغرا مەنزىلگە يېتىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا 55 - سۈرە (رەھمان)نىڭ 60 - ئايىتىدە ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنىڭ ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 10- سۈرە (يۇنۇس)نىڭ 26 - ئايىتىدە ياخشى ئىش قىلغانلارغا ئەڭ ياخشىسىنى ۋە زىيادىسىنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇ يەردە (148 - ئايەتتە) بولسا، ئاللاھ يولىدا نەبىيلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقان، بوشاشمىغان، روھسىزلانمىغان، باتىلغا بويۇن ئەگمىگەن ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان كىشىلەرگە دۇنيانىڭ مۇكاپاتىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى مۇكاپاتىنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇلار كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا ياخشى ئىش قىلغانلارغا ياخشىلىق بىلەن مۇكاپات بېرىدۇ، ئۆز پەزلىدىن ئارتۇقچە ئىنئاممۇ ئاتا قىلىدۇ. بۇلار دۇنيادا زەپەر، غەنىيمەت ۋە ئىززەت ، ئاخىرەتتە جەننەت ۋە ئۆزىنىڭ رىزاسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِي أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار پەقەت: «ئى رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا گەپنى قىلمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئۇ ئەھۋال ئاستىدا دېگەن سۆزى پەقەت شۇنىڭدىنلا ئىبارەت ئىدى: «رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى ۋە ئىشىمىزدا ھەددىمىزدىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!». — ئەنەس ئالىم
-
فَآتَاهُمُ اللَّهُ ثَوَابَ الدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْآخِرَةِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇڭا، ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيادىكى نېمىتىنى ۋە ئاخىرەتتىكى ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ھەم دۇنيانىڭ مۇكاپاتىنى ھەم ئاخىرەتنىڭ ياخشى مۇكاپاتىنى ئاتا قىلدى. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ[25]. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تُطِيعُوا الَّذِينَ كَفَرُوا يَرُدُّوكُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ فَتَنْقَلِبُوا خَاسِرِينَ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا (يەنى كۇفرىغا) ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كافىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى كۇفرغا ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر كافىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا ياندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ كېتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(149-151) «كافىر» - ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى دېگەن بولۇپ، «مۇشرىك»، «مۇنافىق»، «ئەھلى كىتاب كافىرلىرى» ۋە باشقا بارلىق ئىنكارچىلارنى كۆرسىتىدۇ. قايسى خىلدىكى، قايسى ئىسىمدىكى ۋە قايسى ئىجتىمائىي سىنىپتىكى كافىر بولسا بولسۇن ھېچبىر كافىر مۇسۇلماننى ۋە مۇسۇلماننىڭ بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشىشىنى ياقتۇرمايدۇ، مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ، مۇسۇلماننىڭ پايدىسىغا چىدىمايدۇ، مۇسىبىتىگە سۆيۈنىدۇ. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار كافىرلارنىڭ ھەر قانداق مەسلىھەتى، يول كۆرسىتىشى ۋە پىكىر - تەلەپلىرىنى شەرىئەت تارازىسى بىلەن تارتىشى ۋە ئەقىل مىزانى بىلەن ئۆلچىشى كېرەك. شەرىئەتكە زىت ياكى ئەقىلگە خىلاپ كەلگەن «نەسىھەت»لىرىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلماسلىقى، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدە مۇسۇلمان قىياپەتلىك كافىرلار (مۇنافىقلار)نىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىدىن ھەزەر ئەيلىشى، ياغلىما گەپلىرىدىن پەخەس بولۇشى، ھېچبىر سۆزىگە ئىشەنمەسلىكى، كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنماسلىقى ۋە «غەمخورلۇق»لىرىغا ئالدانماسلىقى لازىم، ئەكسى تەقدىردە ئىماندىن ئاجراپ كېتىپ زىيان تارتىۋالىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ رەببى، ئىگىسى ۋە ئەڭ ياخشى ياردەمچىسىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئىتائەت قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى، كافىرلارغا ئىتائەت قىلىپ كافىرلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى بولمايدۇ. ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە جەزمەن ئىشەنچ قىلىش، ھەر ئىشنىڭ توغرا سەۋەبىنى قىلىش ۋە ئاداققىچە سەۋر قىلىش قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسى زەپەر قازىنىشنىڭ يېگانە يولىدۇر. مۇسۇلمانلار ئەنە شۇ يولدا ماڭغان تەقدىردە ئاللاھ تائالا كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىدۇ، چۈنكى كافىرلار ئاللاھقا قارىغۇلارچە شېرىك كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە دوزاختىن ئورۇن تەييارلىغان زالىملاردۇر. ئاللاھ تائالا بۇ زالىملارنى دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىرى ئارقىلىق مۇشۇنداق ئازابلايدۇ. دەرۋەقە «ئۇھۇد كۈنى»نىڭ ئەتىسى مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگەشكەن، شۇنداقلا جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن دۈشمەننىڭ پېيىگە چۈشكەندە، ئاللاھ تائالا دۈشمەننىڭ دىلىغا قورقۇنچ سېلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «دۈشمەن تولۇق غەلىبە قىلمىغانلىقىنى ئويلاپ قايتىپ كېلەرمۇ» دېگەن ئەندىشە بىلەن «ئۇھۇد كۈنى»نىڭ ئەتىسى «ئۇھۇد ئۇرۇشى»غا قاتناشقان مۇئمىنلارغا «دۈشمەننى قوغلاپ بېرىش» بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ۋە «ئۇھۇد ئۇرۇشى»غا قاتناشمىغانلارنىڭ بۇ غازاتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن «ئۇھۇد ئۇرۇشى»غا قاتناشقان مۇئمىنلار بۇ بۇيرۇققا ئەستايىدىل بويسۇنۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدا دۈشمەننىڭ پىيىگە چۈشكەن. مەككە مۇشرىكلىرى قوشۇنى بولسا، مەككىگە كېتىۋېتىپ يېرىم يولدا ئۆزلىرىنىڭ تېخى تولۇق غالىب كەلمىگەنلىكىنى چۈشىنىپ، مەدىنىگە قايتىپ كېلىشكە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋېتىشكە بەل باغلىغان. بۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالغان، شۇنداقلا ئۇلارنى بۇ ئىرادىسىدىن ۋاز كەچۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەدىنىگە قايتماستىن مەككىگە كەتكەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار قوشۇنىمۇ «ھەمرائۇل ئەسەد» دېگەن جايدىن يېنىپ كەلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلِ اللَّهُ مَوْلَاكُمْ ۖ وَهُوَ خَيْرُ النَّاصِرِينَ
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىدىغان مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار)، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئۇلار سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھالبۇكى، سىلەرنىڭ ئىگەڭلار ئاللاھتۇر. ئۇ ياردەمچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
سَنُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُوا الرُّعْبَ بِمَا أَشْرَكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا ۖ وَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۚ وَبِئْسَ مَثْوَى الظَّالِمِينَ
ئاللاھ (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، زالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئىلاھلىقىغا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بۇ كافىرلارنىڭ تۇرار جايى نېمىدىگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز كافىرلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالىمىز. چۈنكى ئۇلار ئىلاھلىقىغا ئاللاھ ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر. زالىملارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 152-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىلاھىي سىناق تۆۋە-ئىستىغپار پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى ئاللاھقا ئىتائەتوَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللَّهُ وَعْدَهُ إِذْ تَحُسُّونَهُمْ بِإِذْنِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَعَصَيْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا أَرَاكُمْ مَا تُحِبُّونَ ۚ مِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الْآخِرَةَ ۚ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ ۖ وَلَقَدْ عَفَا عَنْكُمْ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ
ئاللاھ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەندىن قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە قىلغان ۋەدىسىدە تۇردى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا دەتالاش قىلدىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشتىن چېكىندۈردى (يەنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى، سىلەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن دۈشمىنىڭلارنى قىرىپ تاشلايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەر ئارزۇ قىلغان نەرسىنى سىلەرگە كۆرسەتكەندىن كېيىن بوشاڭلىق قىلدىڭلار، بېرىلگەن ئەمر توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشتىڭلار ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئىچىڭلاردىن بەزىلەر دۇنيانى ئىرادە قىلاتتى، بەزىلەر ئاخىرەتنى ئىرادە قىلاتتى. ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(152-153) ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە، «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دا مۇئمىنلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشقا بەرگەن ۋەدىسىنى باشتا ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، كېيىن مۇئمىنلارنىڭ خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن نۇسرىتىنى توختىتىپ، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مەغلۇپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دا، سىلەرگە بەرگەن (سەۋرچانلىق ۋە تەقۋادارلىق قىلىش شەرتى بىلەن نۇسرەت ئاتا قىلىش) ۋەدىسنى ئەمەلگە ئاشۇردى. سىلەر باشتا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى ۋە ياردىمى بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنىنى قىرىپ تاشلاشقا باشلىغان ئىدىڭلار، مۇشرىكلار ئۆلۈمدىن قورقۇپ قېچىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ئەسنادا سىلەر مۇشرىكلارنى قوغلاشتىن ۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىشتىن ۋاز كەچتىڭلار، ئىچىڭلاردا دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلەرمۇ، ئاخىرەت مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلەرمۇ بار ئىدى، پەيغەمبەرنىڭ تالاش - تارتىش قىلماسلىق، بۆلۈنمەسلىك ۋە بىرلىكنى بۇزماسلىق توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا ئىتائەتسىزلىك قىلدىڭلار. بولۇپمۇ ئوقچى قىسمىڭلار پەيغەمبەرنىڭ: «جەڭگاھتىكىلەر غالىب كەلسىمۇ مەغلۇپ بولسىمۇ بەلگىلەنگەن ئورنىدا (ئوقچىلار تۆپىلىكىدە) مۇستەھكەم تۇرۇش» ھەققىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش بۇيسۇنماسلىق توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى پەيغەمبەرنىڭ مەزكۇر بۇيرۇقىغا ۋە ئۆز قوماندانلىرىنىڭ «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلماڭلار، بۇ يەردىن چۈشۈپ كەتمەڭلار» دېگەن بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن نۇسرىتىنى توختاتتى ۋە سىناش ئۈچۈن سىلەرگە مەغلۇبىيەتنى تېتىتتى. بۇ مەغلۇبىيەت شۇ دەرىجىدە بولدىكى، ئىچىڭلاردىن كۆپ كىشى (يەتمىش كىشى) شەھىد بولدى، «مۇھەممەد ئۆلدى» دېگەن يالغان خەۋەرنى ئاڭلاپلا جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ تاغقا تىرمىشىشقا باشلىدىڭلار. مۇشۇنداق خاتالىقلىرىڭلارغا قارىماي ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى، بولمىسا مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ ئوقچىلىرى بىر تەرەپتىن، قىلىچۋاز ۋە نەيزىۋازلىرى يەنە بىر تەرەپتىن سىلەرنى قورشىۋالغان ئىدى، لېكىن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۇلار سىلەرنى تەلتۆكۈس يوق قىلىش غايىسىگە يېتەلمىدى. ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلمىسا ئىدى، ئۈستۈڭلارغا ئۇلارنى قويۇپ بېرەتتى - دە، ئۇلار سىلەردىن بىرىڭلارنىمۇ قويماي ئۆلتۈرگەن بولاتتى. سىلەر جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ، ھېچكىمگە بۇرۇلۇپ قارىماستىن تاغقا (ئۇھۇد تېغىغا) تىرمىشىۋاتقان چېغىڭلاردا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىلەرنى ئارقاڭلاردىن «ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بېرى كېلىڭلار، قاچماڭلار، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» دەپ چاقىراتتى. سىلەر بولساڭلار تىكىۋەتكەن ئىدىڭلار. بۇ گۇناھىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە قاتمۇقات دەرد - ئەلەم يەتكۈزدى: زەپەر ۋە غەنىيمەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكنىڭ دەرد - ئەلىمى، ئۆلتۈرۈلۈش ۋە يارىدارلىنىشنىڭ دەرد - ئەلىمى، ئەڭ ئېغىر بولغىنى «مۇھەممەد ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاشنىڭ دەرد - ئەلىمى. بۇ ئاخىرقى دەرد - ئەلەم (مۇھەممەد ئۆلدى دېگەن خەۋەر سىلەرگە بەرگەن روھىي ئازاب) پۈتۈن دەرد- ئەلەملەرنى ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى. ئەسكەرتىش: ئۇ ئەسنادا بۇ دەرد- ئەلەملەرنىڭ مۇئمىنلاردا جەم بولۇشى ئۇلارنىڭ، قولىدىن كەتكەن زەپەر ۋە غەنىيمەتكە، ئىچىدىن بەزىلەرنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىدارلىنىشىغا قايغۇرماسلىقى ئۈچۈن ئىدى، چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشاللانغانلىقى ئۈچۈن باشقا پۈتۈن دەرد - ئەلەملەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 153-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئاللاھنىڭ ئىلمى پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىشإِذْ تُصْعِدُونَ وَلَا تَلْوُونَ عَلَىٰ أَحَدٍ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِي أُخْرَاكُمْ فَأَثَابَكُمْ غَمًّا بِغَمٍّ لِكَيْلَا تَحْزَنُوا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَا أَصَابَكُمْ ۗ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سىلەرنى ئارقاڭلاردىن چاقىرىپ تۇرسىمۇ، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچقان ئىدىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە، بېشىڭلارغا كەلگەن كېلىشمەسلىككە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قاتمۇقات غەمگە مۇپتىلا قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ھېچكىمگە بۇرۇلۇپ قارىماستىن يۇقىرى تەرەپكە قاچاتتىڭلار، رەسۇلۇللاھ ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ غەم ئۈستىگە غەم بېرىپ سىلەرنى جازالىدى. ئاللاھ بۇنى قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە ۋە بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 154-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى مۇناپىقلىق ئىلاھىي ھۆكۈم ئىلاھىي سىناق قەلبىنى پاكلاشثُمَّ أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُعَاسًا يَغْشَىٰ طَائِفَةً مِنْكُمْ ۖ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنْفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ ۖ يَقُولُونَ هَلْ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ مِنْ شَيْءٍ ۗ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ ۗ يُخْفُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ مَا لَا يُبْدُونَ لَكَ ۖ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَا قُتِلْنَا هَاهُنَا ۗ قُلْ لَوْ كُنْتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمْ ۖ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى). بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەر) مۈگدەپ قالدى، يەنە بىر قىسىملار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز غېمىدە قالدى، بۇلار جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا بەتگۇماندا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بىز بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيۈڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغان جايىغا بارغان بولاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى تازىلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە شۇنداق بىر خاتىرجەملىك تۇيغۇسى چۈشۈرۈپ بەردىكى، ئىچىڭلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى مۈگدەك باستى. بىر قىسىم كىشىلەر بولسا جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى، ئاللاھ توغرىسىدا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى گۇمانلىرىغا ئوخشاش ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى ۋە: «بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بارمۇ؟» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «پۈتۈن ئىش ئاللاھقا ئائىتتۇر». ئۇلار ساڭا ئوچۇق دېمىگەن نەرسىلىرىنى ئىچىدە ساقلايدۇ ۋە ئۆزئارا: «ئەگەر بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتۇق» دېيىشىدۇ[26]. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان بولساڭلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈشى يېزىلغان كىشىلەر چوقۇم ئۆلىدىغان يەرلىرىگە چىقاتتى. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكىنى پاكلاش ئۈچۈن بۇلارنى بېشىڭلارغا كەلتۈردى. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، مۇئمىنلارنى قولىدىن كەتكەن نېمەتلەرگە ۋە بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە قايغۇرماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا باشتا قاتمۇقات دەرد - ئەلەم يەتكۈزگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا (ھەقىقىي ئىمان ئىگىلىرىگە) خاتىرجەملىك ئاتا قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ ۋە دەرد - ئەلەملەر يوق بولۇپ كۆزلىرىنىڭ ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى (ئىمانى ئاجىزلارنى ۋە مۇنافىقلارنى) ئۇ خاتىرجەملىكتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ، دىللىرىدا ساقلىغان (ئىسلام ھەق دىن بولسا ئىدى، مەغلۇپ بولمىغان بولاتتۇق، مۇھەممەد ھەق پەيغەمبەر بولغان بولسا يېڭىلمەيتتى، مۇئمىنلار تۈگەشتى دېگەندەك) سىرلىرىنى پاش قىلىدۇ، ئۆزئارا قىلىشقان (ئەگەر بۇ ئىشتىن بىزنىڭ بىرەر نېسىۋىمىز بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئىچىمىزدىن شۇنچە ئادەم ئۆلتۈرۈلمەيتتى دېگەن) مەخپىي سۆزلىرىنى ئاشكارىلايدۇ، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. «ئەگەر بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتۇق» - بۇ توغرۇلۇق تەپسىرلەردە ئاساسلىق ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) بىزنىڭ پىكىرىمىز بۇ ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئىدى. ئەگەر بىزنىڭ بۇ ئۇرۇشقا چىقىش، چىقماسلىق توغرۇلۇق پىكىر قىلىش ھوقۇقىمىز بولغان ۋە چىقماسلىق ھەققىدىكى پىكرىمىز بويىچە بۇ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولساق ئىدۇق، بۇنچىۋالا كىشى بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتى. بىز بۇ ئۇرۇشقا مەجبۇرىي چىققان ئىدۇق. بۇ سۈرىنىڭ 168- ئايىتى بۇ قاراشقا دالالەت قىلىدۇ. 2) ئەگەر بىزگە ۋەدە قىلىنغان نۇسرەت، زەپەر ۋە غەنىيمەتتىن بىزنىڭ بىرەر نېسىۋىمىز بولسا ئىدى، بۇ يەردە مەغلۇپ بولمىغان ۋە غەنىيمەتتىن مەھرۇم قالمىغان بولاتتۇق (ئۇلار بۇ سۆزنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى ئىنكار قىلىپ ئېيتىدۇ). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 155-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى تۆۋە-ئىستىغپار پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرىإِنَّ الَّذِينَ تَوَلَّوْا مِنْكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ إِنَّمَا اسْتَزَلَّهُمُ الشَّيْطَانُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُوا ۖ وَلَقَدْ عَفَا اللَّهُ عَنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىكى جەڭدىن چېكىنگەن كىشىلەرنى بەزى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شەيتان تېيىلدۇردى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئىككى قوشۇن مەيدانغا چۈشكەن كۈندە سىلەردىن قاچقانلارنىڭ بەزى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك شەيتان ئۇلاردىن خاتالىق ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى[27]. ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، ئۇرۇش قاتتىق بولغان ۋە مۇشەققەت ئېغىرلاشقان چاغدا جەڭ مەيدانىدىن قاچقان مۇئمىنلارنى بەزى گۇناھلىرى سەۋەبلىك شەيتان ئازدۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قاچقانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ كَفَرُوا وَقَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ إِذَا ضَرَبُوا فِي الْأَرْضِ أَوْ كَانُوا غُزًّى لَوْ كَانُوا عِنْدَنَا مَا مَاتُوا وَمَا قُتِلُوا لِيَجْعَلَ اللَّهُ ذَٰلِكَ حَسْرَةً فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئاللاھ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى جىھادقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغانبولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، ديىشكەن كافىرلارنى دورىماڭلار، ئاللاھ بۇ خىياللارنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت بولسۇن ئۈچۈن سالىدۇ. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سەپەر ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياكى غازاتلاردا ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق: «ئۇلار يېنىمىزدا بولسا ئىدى، ئۆلمەيتتى ھەم ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن كافىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار. ئاللاھ بۇ چۈشەنچىنى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىئارام قىلىدىغان ھەسرەتكە ئايلاندۇردى. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(156-157) كافىرلار، خۇسۇسەن مۇنافىقلار قېرىنداشلىرى ئۇرۇشقا قاتناشماقچى بولسا ئۇلارنى توسىدۇ. تىجارەت ئۈچۈن سەپەرگە چىقىپ ياكى غازات ئۈچۈن جەڭچىلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىپ، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆلگەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى ھەققىدە: «ئۇلار بىزدىن ئايرىلمىغان بولسا ۋە ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان بولسا ئۆلمەيتتى، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن مەنىدە بولمىغۇر سۆزلەرنى قىلاتتى. ئۇلار بۇنداق سۆزلەرنى ھاماقەتلىكى ۋە دىللىرىدىكى مۇنافىقلىق كېسىلى سەۋەبىدىن ئېيتاتتى. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى يېزىلغان كىشىلەرنىڭ چوقۇم ئۆلىدىغان يەرلىرىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مانا مۇشۇنداق دەرد - ئەلەم ۋە قايغۇ - ھەسرەت قىلدى. بۇ ئەخمەق كافىرلار (مۇنافىقلار) ئىنساننىڭ ھايات - ماماتىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، سەپەرگە چىقىشنىڭ ياكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنىڭ ئادەم ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىنى، ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ ياكى قورقۇنچاقلىق قىلىشنىڭ ئۆلۈمگە دالدا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە، 156 - ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئەنە شۇ كافىرلارغا ئوخشاش بولۇشتىن توسىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا بۇ چەكلىمىگە رىئايە قىلسا مۇكاپات، رىئايە قىلمىسا جازا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. 157 - ئايەتتە مۇئمىن بەندىلىرىگە، ئەگەر ئۆزىنىڭ يولىدا (ئاللاھ يولىدا) ئۆلتۈرۈلسە ياكى ئۆلسە مەغپىرەت ۋە رەھمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بېشارەت بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ مەغپىرەت ۋە رەھمەتنىڭ كافىرلار توپلىغان دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَئِنْ قُتِلْتُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوْ مُتُّمْ لَمَغْفِرَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرَحْمَةٌ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ
شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا (يەنى غازاتتا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (غازاتقا كېتىپ بېرىپ ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئارتۇقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئەۋزەلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدىغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَئِنْ مُتُّمْ أَوْ قُتِلْتُمْ لَإِلَى اللَّهِ تُحْشَرُونَ
ئەگەر سىلەر (ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار ياكى (جەڭ مەيدانىدا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار، (ئاخىرەتتە) چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر (ئاللاھ سىلەرنى ئەمەلىڭلارغا قاراپ مۇكاپاتلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەر ئۆلسەڭلارمۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئۆلسەڭلارمۇ، ئۆلتۈرۈلسەڭلارمۇ ئاخىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئالدىنقى ئايەتتىكى بېشارەتنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى بۇ ئايەت «ئەگەر ئاللاھ يولىدا ئۆلسەڭلار ياكى ئۆلتۈرۈلسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىنىسىلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 159-ئايەت) مۇلايىملىق ئاللاھقا ئىشىنىش كېڭەش پەيغەمبەر ئەخلاقى ئاللاھنىڭ رەھمىتىفَبِمَا رَحْمَةٍ مِنَ اللَّهِ لِنْتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا (ساھابىلەرگە) سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، جامائەت ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ ئاندىن بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىڭگە سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ. ئەگەر سەن قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار سەندىن يىراقلىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشلىرىڭدا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن. بىر قارارغا كەلسەڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
«ئۇھۇد كۈنى» جەڭگاھتىن قاچقانلار ۋە بۇيرۇققا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلار ئەسلىدە مالامەت، تەنقىد، ئەيىبلەش ۋە كايىشلارغا تېگىشلىك ئىدى، ھەتتا جازالاندۇرۇشقا لايىق ئىدى. لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئالاھىدە رەھمەتنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇ سىلىق مۇئامىلىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ساڭا رەھمەت ئاتا قىلدى، يەنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئالاھىدە رەھمەت ئورۇنلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن سەن ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارغا شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئەلچىسى بولدۇڭ. ئاللاھ ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن سېنى بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەن مۇئمىنلارغا كەمتەر، ئەپۇچان، نادانلار بىلەن تەڭ بولمايدىغان، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدىغان پەيغەمبىرىمىز بولدۇڭ. سەن «ئۇھۇد كۈنى» كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا جازاغا لايىق بولغان مۇئمىنلارغا ئەنە شۇ رەھمەت سەۋەبلىك سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ. سەن ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بىرى بولغان بولساڭ، ئۇلار ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئىككى دۇنيانىڭ بەخت - سائادىتىدىن مەھرۇم قالغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلارنىڭ يامانلىق قىلغانلىرىغا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، كەمچىلىك ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئەپۇ قىلغىن، گۇناھ قىلغانلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن. ئىشلار توغرىسىدا ئۇلارنىڭ پىكرىنى سورىغىن، ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن. ئۇلار بىلەن مەسلىھەتلەشكىن. كېڭەش ۋە مەسلىھەتتىن كېيىن بىر قارارغا كەلسەڭ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ قارارنى ئىجرا قىلغىن. ئاللاھ تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ يَنْصُرْكُمُ اللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمْ ۖ وَإِنْ يَخْذُلْكُمْ فَمَنْ ذَا الَّذِي يَنْصُرُكُمْ مِنْ بَعْدِهِ ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن) — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرمىسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ياردەمسىز قويسا، ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە نۇسرەتنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا نۇسرەتنى ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە ئاللاھتىن تىلەشنىڭ لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ. «تەۋەككۇل»- ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ياكى رۇخسەت قىلغان بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن لازىملىق سەۋەب ۋە ئامىللارنى، كېرەكلىك شەرت - شارائىتلارنى تەخ قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ئۇ ئىشقا قەدەم بېسىش دېمەكتۇر. غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. شۇڭلاشقا غالىبىيەتنىڭ ئاللاھتىن كېلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىش، مەغلۇبىيەتنىڭمۇ ئاللاھتىن كېلىدىغانلىقىدىن قورقۇش كېرەك. نەتىجىدە لايىق رەۋىشتە سەۋەب قىلغاندىن كېيىن خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق غالىبىيەت تەلەپ قىلغانلارغا ئاللاھ غالىبىيەت ئاتا قىلىدۇ، بۇلارنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھ مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىدۇ، بۇ ئەھۋالدا ھېچكىم ئۇلارنى غالىبىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَغُلَّ ۚ وَمَنْ يَغْلُلْ يَأْتِ بِمَا غَلَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ). كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ئاندىن ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ئولجىغا خىيانەت قىلمايدۇ. كىمكى ئولجىغا خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھېچبىر نەبىي غەنىيمەتكە ئەسلا خىيانەت قىلمايدۇ. كىم غەنىيمەتكە خىيانەت قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
«ئۇھۇد كۈنى» مۇئمىنلار قوشۇنىنىڭ «ئوقچىلار قىسمى» مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرۈپ، «جەڭگاھتىكىلەر غەنىيمەتنى بىزگىمۇ بەرمەي ھەممىسىنى ئېلىۋالارمۇ، رەسۇلۇللاھ بىزگىمۇ بەرمەي ھەممىسىنى ئۇلارغا تەقسىم قلىۋېتەرمۇ، بىزگە بىر نەرسە تەگمەي قالارمۇ؟» دېگەندەك خىياللار بىلەن غەنىيمەت ئېلىشقا ئالدىرىغان، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «بىز غالىب كەلسەكمۇ مەغلۇپ بولساقمۇ چۈشۈپ كەتمەي تۇرۇڭلار» دەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۆپىلىكتىن چۈشۈپ كەتكەن. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىشى، يەنى غەنىيمەتتىن ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان بىرەر نەرسىنى ئېلىۋېلىشى ياكى غەنىيمەت تەقسىماتىدا بىرەر ھەقسىزلىق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرلىك ماقامى ئۇنداق رەزىللىكتىن ئۈستۈندۇر. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلغان كىشى، قىيامەت كۈنى ئۇنى مەھشەرگاھقا ئېلىپ كېلىپ ھېسابىنى بېرىدۇ. قىيامەت كۈنى ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ مۇكاپاتى ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. پەيغەمبەر بۇ ئاقىۋەتنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىگە ئەسلا خىيانەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَمَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَ اللَّهِ كَمَنْ بَاءَ بِسَخَطٍ مِنَ اللَّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە بارىدىغان جايى جەھەننەم بولغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم
(162-163) بىرىنچى ئايەتتە، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەنلەر بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولغانلارنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورۇنلىرىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقى، ئىككىنچى ئايەتتە ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرىنىڭمۇ پەرقلىق بولىدىغانلىقى، يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەنلەرنىڭ جەننەتتىكى ئورۇنلىرىمۇ ئىخلاس ۋە ئەمەللىرىگە قارىتا پەرقلىق بولىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولغانلارنىڭمۇ دوزاختىكى ئورۇنلىرى پەرقلىق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ھەرخىل بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى دەرىجىلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
لَقَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْ أَنْفُسِهِمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِنْ كَانُوا مِنْ قَبْلُ لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتىپ ناھايىتى چوڭ ئىنئام قىلدى. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلارغا قىلغان ئىلتىپاتى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچى ئەۋەتىپ ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ئەلچى سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ. سىلەر ئۇ ئايەتلەرگە ئىشىنىپ ئىماندا كامالەتكە يېتىسىلەر، شېرىكنىڭ مەينەتچىلىكلىرىدىن پاكلىنىسىلەر، كۇفۇر زۇلمەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ ئىمان يورۇقلۇقىغا چىقىسىلەر، ھەر تۈرلۈك يامان ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇپ گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىگە بولىسىلەر. سىلەر ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدىڭلار، ئۇ ئەلچى ئۆگەتكەن پايدىلىق ئىلىملەر بىلەن جاھالەت ۋە تەقلىد قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئىلىم - مەرىپەت نۇرىغا چىقتىڭلار. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا «غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىش» توغرۇلۇق تۆھمەت قىلساڭلار، بۇ نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغان بولىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 165-ئايەت) ئۆز مەسئۇلىيەت ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناشأَوَلَمَّا أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُمْ مِثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە يەتكەن تالاپەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن تالاپەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە: «بۇ تالاپەت قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلاردىن بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمى كەلسە، «بۇ قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بۇ ئۆزۈڭلاردىن كەلدى». ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، «ئۇھۇد كۈنى» بېشىغا كەلگەن مەغلۇبىيەت ۋە مۇسىبەتلەردىن ھەيران بولۇپ، «بىز مۇئمىن تۇرساق، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقان تۇرساق، ئىچىمىزدە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بار تۇرسا! بۇ مۇسىبەتلەر نېمە سەۋەبتىن بېشىمىزغا كەلدى؟» دېيىشكەن مۇئمىنلارغا جاۋاب بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! سىلەر «بەدىر كۈنى» دۈشمىنىڭلارغا يەتكۈزگەن مۇسىبەتلەرنىڭ يېرىمى بېشىڭلارغا كەلسە: «بۇ مۇسىبەتلەر بېشىمىزغا نېمە سەۋەبتىن كەلدى؟» دەمسىلەر؟ جاۋاب: بۇ مۇسىبەتلەر بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلاردىن، يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشىڭلار (ئوقچىلار قىسىمىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇننى تەرك ئېتىشى) ۋە ئۇرۇشقا چىدىيالماي مەيداننى تەرك ئېتىپ قېچىشىڭلار سەۋەبىدىن كەلدى. «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» - ئاللاھ، بۇيرۇققا ئىتائەتسىزلىك ۋە ئۇرۇشقا چىدامسىزلىق قىلساڭلار سىلەرنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىشقا، بۇيرۇققا ئىتائەت ۋە ئۇرۇشقا چىدىغان چېغىڭلاردا سىلەرگە غالىبىيەت ئاتا قىلىشقا قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 166-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە ئىلاھىي سىناق پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشوَمَا أَصَابَكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ فَبِإِذْنِ اللَّهِ وَلِيَعْلَمَ الْمُؤْمِنِينَ
ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار توقۇنۇشقان ئۇھۇد جېڭىدە) سىلەرگە كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) سىلەرگە كەلگەن تالاپەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ (تالاپەتنىڭ كېلىشى) ھەقىقىي مۆمىنلەرنى ئايرىش ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىككى قوشۇن ئۇرۇشقان كۈنى بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر، — ئەنەس ئالىم
(166-168) ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە، «ئۇھۇد كۈنى» مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ، ئۆزىنىڭ (ئاللاھنىڭ) ئىرادىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ ھېكمىتىنىڭ ئىمانىدا سادىق مۇئمىنلارنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە مۇنافىقلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ، ئۇلارنى مۇئمىنلاردىن ئەمەلىيەتتە ئايرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇ مۇنافىقلارنى تونۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ مۇنافىقلار ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىن ئىكەنلىكىنى ھەر پۇرسەتتە ئىپادىلەيتتى، ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلارغا تىلىدا دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، دىلىدا كۇفۇر ۋە ئاداۋەت ساقلايتتى. «ئۇھۇد»قا كېتىۋېتىپ يولدا ئۇلار (مۇنافىقلار)نىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئۆزىنىڭ گۇرۇھى بىلەن تېخى جەڭ مەيدانىغا بارمايلا يېنىپ ماڭغاندا بىر ساھابە ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئەگەر ئاخىرەت مۇكاپاتىنى كۆزلىسەڭلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار، ئاخىرەت مۇكاپاتىنى كۆزلىمىسەڭلار ھېچبولمىسا ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ يېنىمىزدا تۇرۇشۇپ بېرىڭلار، دۈشمەن جەڭچىلەر بىزنىڭ كۆپلىكىمىزنى كۆرۈپ چېكىنىشى مۇمكىن» دېگەن مەنىدە نەسىھەت قىلغان، ئۇ مۇنافىقلار: «ئەگەر ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بىلسەك، چوقۇم سىلەرگە ئەگىشىمىز» دېگەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇ ئەسنادا ئىماندىن بەكرەك كۇفۇرغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ مۇنافىقلار يەنە: «ئۇھۇد ئۇرۇشى»دا ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى (تۇغقانلىرى ياكى قوشنىلىرى ۋە ياكى پىكىرداشلىرى) ھەققىدە، «ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىز بويىچە ئىش قىلىپ ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا مۇنۇ جاۋابنى بېرىشكە بۇيرۇيدۇ: «ئى مۇنافىقلار! ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى، بىز ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆلمىدۇق دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۆزۈڭلاردىن ئۆلۈمنى دەپئى قىلىپ بېقىڭلار قېنى! يەنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلمەڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ نَافَقُوا ۚ وَقِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا قَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوِ ادْفَعُوا ۖ قَالُوا لَوْ نَعْلَمُ قِتَالًا لَاتَّبَعْنَاكُمْ ۗ هُمْ لِلْكُفْرِ يَوْمَئِذٍ أَقْرَبُ مِنْهُمْ لِلْإِيمَانِ ۚ يَقُولُونَ بِأَفْوَاهِهِمْ مَا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يَكْتُمُونَ
ۋە مۇناپىقلارنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى (ئۆزۈڭلارنى) قوغداڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەگىشەتتۇق (يەنى سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلاتتۇق)» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇرغاننى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن مۇشرىكلىكنى) ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ يەنە مۇناپىقلارنى ئايرىش ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى مۇداپىئەدە تۇرۇڭلار» دېيىلگەندە، ئۇلار: «ئۇرۇش قىلىشنى بىلگەن بولساق، ئەلۋەتتە، سىلەرگە ئەگەشكەن بولاتتۇق» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇرغاننى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇنافىقلارنىمۇ بىلىشى ئۈچۈندۇر. ئۇ مۇنافىقلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار ياكى ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى قوغداڭلار» دېيىلسە، «بىز ئۇرۇش بولۇشىنى بىلگەن بولساق سىلەرگە قېتىلاتتۇق» دېيىشتى. ئۇلار ئۇ كۈنى ئىماندىن كۇفرىغا بەكرەك يېقىن ئىدى، ئېغىزلىرى بىلەن قەلبلىرىدە يوق نەرسىلەرنى سۆزلەيتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇۋاتقان نەرسىلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
الَّذِينَ قَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ وَقَعَدُوا لَوْ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُوا ۗ قُلْ فَادْرَءُوا عَنْ أَنْفُسِكُمُ الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
(بۇ يەنە ئاللاھنىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ مۇناپىقلار ئۇرۇشقا چىقماي ئولتۇرۇپ (ئۇرۇشتا ئۆلگەن) قېرىنداشلىرى ھەققىدە: «ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ گېپىمىزگە كىرگەن (يەنى ئۇرۇشقا چىقمىغان) بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن توسۇپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىپ كەتكەن قېرىنداشلىرى توغرىسىدا: «ئۇلار بىزنىڭ پىكرىمىز بويىچە ئىش قىلغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار!». — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا ۚ بَلْ أَحْيَاءٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ
ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ھەرگىز ئۆلۈك دەپ قارىمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ ھېسابلىمىغىن! بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىرىكتۇر، بېرىلگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولماقتىدۇر، — ئەنەس ئالىم
(169-171) قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇن ئايەتلەردە «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش»قا تەرغىب ۋە ئەمر قىلىنىدۇ، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ مەرتىۋىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئەنە شۇ ئايەتلەردىن بولۇپ، بۇلاردىمۇ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن (شەھىدلەر)لەرنىڭ دەرىجىسى ۋە مۇكاپاتى بايان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈملەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولغان شەھىدلىكنىڭ پەزىلىتىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ، ئالدىنقى ئايەتتە ئۆلۈمدىن قورقۇشنىڭ ئۆلۈپ قېلىشتىن ساقلىيالمايدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ۋە بۇ يەردە 169 - ئايەتتە «ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ ھېسابلىمىغىن» دېگەن مەنىدىكى چەكلىمە بۇنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَرِحِينَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِالَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا بِهِمْ مِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تىرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) نە قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچمۇ، قايغۇمۇ يوق ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ بەرگەن نېمەتلەر بىلەن خۇرسەن بولماقتىدۇر. ئۇلار ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەنلەرگە: «سىلەرگە ھېچ قورقۇنچ يوق ھەمدە قايغۇرمايسىلەر» دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُؤْمِنِينَ
ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزلنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلىدىن، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى، ئىلتىپاتى ۋە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 172-ئايەت) جىھاد ئىلاھىي مۇكاپات سەۋر ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا) قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناشالَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِلَّهِ وَالرَّسُولِ مِنْ بَعْدِ مَا أَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا أَجْرٌ عَظِيمٌ
(ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان مۆمىنلەر ئىچىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇرۇشتا يارىدار بولغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىن مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مۇكاپات بار. — ئەنەس ئالىم
(172-173) ئالدىنقى ئايەت «ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ» دېگەن مەنىدىكى جۈملە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئايەتلەردە ئۇ مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. دېمەككى، ئۇ مۇئمىنلار، «ئۇھۇد كۈنى» ئۇرۇشقا قاتنىشىپ مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولغان، ئەتىسى ھەر جەھەتتىن ئېغىر ئەھۋالدا بولۇشىغا قارىماي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا مۇشرىكلار قوشۇنىنى قوغلاپ ماڭغان ۋە ئۇلارنىڭ مەككىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئاڭلاپ «ھەمرائۇل ئەسەد» دېگەن جايدىن يېنىپ كەلگەن مۇئمىنلار قوشۇنىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئۇھۇد كۈنى يارىلانغان تۇرۇقلۇق، ئەتىسى پەيغەمبىرىنىڭ مۇشرىكلار قوشۇنىنى قوغلاپ بېرىش توغرىسىدىكى دەۋىتىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ياخشى ئىش ۋە تەقۋادارلىق قىلغان مۇئمىنلار كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئۇلار، دۈشمەننى قوغلاپ يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا، مەككە تەرەپتىن مەدىنىگە كەلگەن بىر قىسىم ئىنسانلار: «بىز يولدا كېلىۋېتىپ كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق: دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرنى تەلتۈكۈس يوق قىلىۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپتۇ، شۇڭلاشقا بۇ نۆۋەت سىلەرنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن قايتا توپلىنىپ مەدىنىگە قايتا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېگەندە، ئىمانى زىيادە بولغان، ئۇلارغا «بىزگە ئاللاھ يېتەرلىك، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى تايانچ» دەپ رەددىيە بەرگەن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە دۈشمەننى قوغلاپ يولغا چىققان شىجائەتلىك ۋە جەڭگىۋار مۇئمىنلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ قَالَ لَهُمُ النَّاسُ إِنَّ النَّاسَ قَدْ جَمَعُوا لَكُمْ فَاخْشَوْهُمْ فَزَادَهُمْ إِيمَانًا وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ
(مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئايرىم ئادەملەر ئۇلارغا: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ھامىي!» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلار ئۇلارغا: «دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار» دېسە، بۇ سۆزدىن ئىمانلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ: «بىزگە ئاللاھ كۇپايە، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل!» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
فَانْقَلَبُوا بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ لَمْ يَمْسَسْهُمْ سُوءٌ وَاتَّبَعُوا رِضْوَانَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېچقانداق زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىماستىن، ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە ئىلتىپاتى بىلەن قايتىپ كەلدى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن بولدى. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە، ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە تونۇتۇلغان مۇئمىنلارنىڭ مۇكاپاتى بايان قىلىنىدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق تەقۋادارلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇپ مەككىگە كەتكەن. ئۇ مۇئمىنلار بولسا، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھېچبىر زىيان - زەخمەتكە يولۇقماستىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ساق - سالامەت مەدىنىگە قايتىپ كەلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا ذَٰلِكُمُ الشَّيْطَانُ يُخَوِّفُ أَوْلِيَاءَهُ فَلَا تَخَافُوهُمْ وَخَافُونِ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئەنە شۇ شەيتان ئۆز دوستلىرىنى (يەنى كۇففارلارنى) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت ئاشۇ شەيتان سىلەرنى ئۆز يېقىنلىرىدىن (يەنى كافىرلاردىن) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن كىشى شەيتاندۇر. ئۇ سىلەرنى ئۆز ۋەلىيلىرىدىن قورقۇتۇشقا تىرىشىدۇ[28]. لېكىن سىلەر مۇئمىن بولساڭلار ئۇلاردىن قورقماي مەندىن قورقۇڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇ مۇئمىنلارغا مەزكۇر شۇم خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشىنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە ئېتىبار بەرمەسلىككە، شۇنداقلا ئۇنىڭ دوستلىرى بولغان مۇشرىكلاردىن قورقماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە مۇشرىكلار قوشۇنىنىڭ ھېلىقى خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگەن كىشى شەيتان بولۇپ، ئۇ شەيتان سىلەرنى ئۆز دوستلىرى، يېقىنلىرى ۋە ھەمنەپەسلىرى بولغان مۇشرىكلار قوشۇنىدىن قورقۇتۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار مەندىن قورقۇڭلار. سىلەر مەندىن قورقساڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلساڭلار ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئەگەشسەڭلار زەپەر قۇچىسىلەر. چۈنكى نۇسرەت، زەپەر ۋە ياردەم مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. بۇ ئايەتنىڭ، مۇئمىنلار مەزكۇر شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ: «بىزگە ئاللاھ يېتەرلىك، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى تايانچ» دېگەن چاغدا ۋە مۇئمىنلار قوشۇنى مۇشرىكلار قوشۇنىنى قوغلاپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ ۚ إِنَّهُمْ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا ۗ يُرِيدُ اللَّهُ أَلَّا يَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) كۇفرغا ئۆزىنى ئاتقانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلىدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئاخىرەتتە ھېچقانداق نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلىدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
(176-178) «ئۇھۇد كۈنى» مۇنافىقلارنىڭ چۈمپەردىلىرى ئېچىلغان، نىقابلىرى يىرتىلغان ۋە ئەپتى - بەشىرىلىرى چىتقا يېيىلغان، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن ناھايىتى غەمكىن بولغان، ئېچىنغان ۋە ھەسرەت چەككەن. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە، 176 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلىدۇ، مۇنافىقلىقنىڭ زىيىنى مۇنافىقلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ (ئاللاھنىڭ) ئۇلارغا ئاخىرەت نېمەتلىرىدىن بىرەر نېسىۋە بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇنافىقلىقتا تەرك ئەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنى چوڭ ئازابقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 177 - ئايەتتە ئىمانىنى كۇفۇرغا تېگىشكەن، ھىدايەتنى بېرىپ زالالەتنى ئالغان ئۇ مۇنافىقلارنىڭ زىياننى ئۆزلىرىنىڭ تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە ئۇلارنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 178 - ئايەتتە ئۇ مۇنافىقلارغا ۋە باشقا بارلىق كافىرلارغا، كۇفرىلىق قىلىپ تۇرسىمۇ ئىلاھىي جازا كەلمەسلىكىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەسلىكى، تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىپ چوڭ ئازابقا لايىق بولۇشلىرى ئۈچۈن ھازىرچە مۆھلەت بېرىلگەنلىكى، ئاخىرى خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقى ئەسلىتىلىدۇ. چۈنكى كافىرلار ئاللاھ تەرىپىدىن دەرھال جازالاندۇرۇلماسلىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ئويلايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنى بۇ خاتا ئويدىن توسىدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا پۇرسەت بار چاغدا دەرھال تەۋبە قىلىشقا چاقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر (يەنى مەزكۇر مۇناپىقلار) (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىماننى كۇفرغا تېگىشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمانغا كۇفرىنى سېتىۋالغانلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ خَيْرٌ لِأَنْفُسِهِمْ ۚ إِنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ لِيَزْدَادُوا إِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بىز ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلسۇن دەپ مۆھلەت بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 179-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش ئىلاھىي ئىرادە ئىمان ئىلاھىي سىناق مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشمَا كَانَ اللَّهُ لِيَذَرَ الْمُؤْمِنِينَ عَلَىٰ مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ الْخَبِيثَ مِنَ الطَّيِّبِ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى الْغَيْبِ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَجْتَبِي مِنْ رُسُلِهِ مَنْ يَشَاءُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ ۚ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا فَلَكُمْ أَجْرٌ عَظِيمٌ
ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ ۋەلېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە (پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ ياماننى ياخشىدىن ئايرىمىغۇچە سىلەرنى ھازىرقى ھالتىڭلارچە تاشلاپ قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ، لېكىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادار بولساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ناپاكنى پاكتىن ئايرىمىغىچە سىلەر مۇئمىنلارنى ھازىرقى ئەھۋالىڭلاردا قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە غەيبنى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ غەيىبنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەلچىلىرىدىن كىمنى خالىسا ئۇنى تاللايدۇ. ئۇنداقتا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر ئىمان كەلتۈرسەڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار سىلەرگە كاتتا ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلار بىلەن مۇنافىقلارنىڭ ئەھۋالىدىكى ئوخشاش كۆرۈنۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلاشما ھاياتقا خاتىمە بېرىشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى، ھېكمىتىنىڭ بۇنى مۇئمىنلارغا (شۇ مۇنافىق، شۇ مۇئمىن دېگەن شەكىلدە) غەيبنى بىلدۈرۈش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى ئېغىر سىناقلارغا دۇچار قىلىش بىلەن بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئۆزى خالىغان كىشىنى تاللاپ ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان غەيبنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئۇ ئەلچى ئارقىلىق مۇشەققەتلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدىغانلىقىنى ، ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىگە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈپ، ئىلاھىي ئەمر - پەرمانلارغا بويسۇنغانلارنىڭ سىناقتىن ئۆتۈپ بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ مۇنافىق بولۇپ ئايرىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلارنى «ئۇھۇد كۈنى»دىكى ئېغىر ئەھۋاللارغا دۇچار قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: مۇئمىنلارنىڭ سادىقلىرىنى ساختىپەزلىرىدىن ۋە راستچىللىرىنى يالغانچىلىرىدىن ئايرىماستىن ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىش ئىلاھىي ھېكمەتكە خىلاپتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ ئايرىشنى سىلەرگە مۇنافىقلارنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن قىلىشمۇ ئىلاھىي ھېكمەتكە خىلاپتۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئايرىش سىلەرنى مۇشەققەتلىك ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە زىممىڭلارغا ئېغىر ۋەزىپىلەرنى يۈكلەش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى ئىلاھىي ئادالەت مۇكاپاتنىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىنغان ياخشى ئىشقا بېرىلىشىنىڭ، ئىلاھىي جازانىڭمۇ ئەمەلىيەتتە قىلىنغان يامان ئىش ئۈچۈن بېرىلىشىنىڭ لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە، خۇسۇسەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار، ئۇ ئەلچى كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇنافىقلاردىن ئايرىلىپ مۇئمىن بولغان بولىسىلەر ۋە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَهُمْ ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار، بۇ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بەلكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن يامانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىلىرى قىيامەت كۈنى بويۇنلىرىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر[29]. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئىنسانلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان مال - مۈلۈكنى بېخىللىق قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا چىقىم قىلمايدۇ. ئۇ ماللار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىراس يولى بىلەن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاخىرىدا ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ مال - مۈلۈكنىڭ ھەسرىتى ۋە جازاسى ئۇلارغا، ئىگىدارچىلىقى ئاللاھ تائالاغا قالىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە جان بىلەن جىھاد قىلىشقا تەرغىب قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە مال بىلەن جىھاد قىلىشتىن باش تارتقانلار قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، چۈنكى جىھاد جان بىلەنمۇ قىلىنىدۇ، مال بىلەنمۇ قىلىنىدۇ. ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتۈش، شۇنداقلا مۇنافىقلاردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ھەم جان بىلەن ھەم مال بىلەن جىھاد قىلىش لازىم. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىككى تۈرلۈك جىھادقا ئەمر قىلىنىدۇ، بۇ جىھادلارنى قىلغانلار مەدھىيەلىنىدۇ ، قىلمىغانلار ئەيىبلىنىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك جىھادنىڭ ھەر بىرى مۇئمىنلار بىلەن مۇنافىقلارنى ئەمەلىيەتتە ئايرىدىغان ۋاسىتىدۇر، چۈنكى مۇئمىنلار جان بىلەن جىھاد قىلىشتا جېنىنى پىدا قىلغاندەك مال بىلەن جىھاد قىلىشتىمۇ قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ، شۇنداقلا سىناقتىن ئۆتىدۇ. مۇنافىقلارغا كەلسەك، ئۇلار جان بىلەن جىھاد قىلىشتا مۇمكىن قەدەر قاتناشماسلىق، قاتناشقان تەقدىردىمۇ سۆرەلمىلىك قىلىش، جان تىكىپ ئۇرۇشماسلىق، ھەتتا ھەر پۇرسەتتە زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاشكارا قىلغاندەك، مال بىلەن جىھاد قىلىشتىمۇ بېخىللىق قىلىش ۋە باشقىلارنى بېخىللىق قىلىشقا تەشۋىق قىلىش بىلەنمۇ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 181-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى كىتاب ئەھلى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىلَقَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ فَقِيرٌ وَنَحْنُ أَغْنِيَاءُ ۘ سَنَكْتُبُ مَا قَالُوا وَقَتْلَهُمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَنَقُولُ ذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
«ئاللاھ ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە ـ ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز — مۇھەممەد سالىھ
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويىمىز ھەمدە ئۇلارغا: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دېگەنلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى يازىمىز ۋە مۇنداق دەيمىز: كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار! — ئەنەس ئالىم
(181-183) يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالانىڭ: «كىمكى ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇ قەرزنى ئۇ كىشىگە قاتمۇقات كۆپەيتىپ قايتۇرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى (ياخشى يولغا پۇل - مال چىقىم قىلغۇچىنى ياخشى قەرز بەرگۈچىگە ئوخشىتىپ ئىپادىلىگەن) تەمسىل سۆزىنى ئاڭلاپ، «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دېگەن مەنىدىكى ناشايان سۆزنى قىلغان. ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئۆز ۋاقتىدا بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، تارىختا ئۆتكەن پۈتۈن بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە، ئۇلارنى بىر شەخس ئورنىدا قويۇپ خىتاب قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردە باشتا (181 - ۋە 182 - ئايەتلەردە) ئۇلارنىڭ بۇ بىمەنە سۆزىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇ سۆزنى قىلغانلىقىنى ۋە (ئەجدادىنىڭ) پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ۋەھشىيانە جىنايىتىنى يېزىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارغا: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار. بۇ، قىلمىشىڭلارغا ئاللاھنىڭ ئادىللىق بىلەن بەرگەن جازاسىدۇر» دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن (183 - ئايەتتە) ئۇ سۆزنى قىلغانلارنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامغا دەۋەت قىلغاندا: «ئاللاھ بىزگە، ئوت كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىرەر قۇربانلىق مۆجىزىسى كۆرسەتمىگۈچە ھېچبىر ئەلچىگە ئىشەنمەسلىكنى تاپشۇرغان» دېگەن يەھۇدىيلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا: «ئوت كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرگە ئىشىنىش ھەققىدىكى سۆزۈڭلاردا راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، مەندىن ئىلگىرى مۆجىزىلەرنى ۋە سىلەر دېگەن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە نېمىشقا ئىشەنمىدىڭلار؟ ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟» دەپ رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
مانا بۇ ئازاب سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بولدى ھەم ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەسلىكىدىن بولدى» دەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئازاب دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئۆز قوللىڭلار قىلغان گۇناھلار تۈپەيلىدىندۇر،ھەمدە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 183-ئايەت) ھەقنى ئىنكار قىلىش كىتاب ئەھلى پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىالَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ عَهِدَ إِلَيْنَا أَلَّا نُؤْمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأْتِيَنَا بِقُرْبَانٍ تَأْكُلُهُ النَّارُ ۗ قُلْ قَدْ جَاءَكُمْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِي بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالَّذِي قُلْتُمْ فَلِمَ قَتَلْتُمُوهُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «(تەۋراتتا) ئاللاھ بىزنى (ئاسماندىن چۈشكەن) ئاتەش يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگۈچە ھەقىقەتەن ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مۆجىزىلەر كەلدى ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزە بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەر كەلدى؛ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى (تەۋراتتا) ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قۇربانلىقىنى (قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان) بىر ئوت كېلىپ كۆيدۈرۈۋەتمىگۈچىلىك ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەسلىككە بۇيرۇغان» دېدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەندىن بۇرۇن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر سىلەرگە نۇرغۇن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى؛ ئەگەر دېگىنىڭلار راست بولسا، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئاللاھ بىزگە، ئوت كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىرەر قۇربانلىق مۆجىزىسى كۆرسەتمىگۈچە ھېچبىر ئەلچىگە ئىشەنمەسلىكنى تاپشۇرغان» دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەندىن ئىلگىرى سىلەرگە نۇرغۇن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ۋە سىلەر دېگەن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟». — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 184-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار پەيغەمبەرگە تەسەللىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىفَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ جَاءُوا بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ وَالْكِتَابِ الْمُنِيرِ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن، مۆجىزىلەرنى، كىتابلارنى (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش ساماۋى كىتابلارنى) ۋە نۇرلۇق كىتابنى (يەنى تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاشلارنى) ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانچى دېگەن بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى مۆجىزىلەرنى، سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەر يالغانچى دېيىلگەن. ئۇلار روشەن دەلىللەرنى، ئىلاھىي سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشى، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭدە بىرەر قۇسۇر تاپقانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ مۇتەكەببىرلىكى ۋە جاھىللىقىدىن بولغان. شۇڭلاشقا: «ئۇلار ئىمان كەلتۈرمىدى» دەپ قايغۇرمىغىن، چۈنكى ئىنكار قىلىنغان پەيغەمبەر سەنلا ئەمەس، سەندىن ئىلگىرى مۆجىزىلەر، ئىلاھىي سەھىپىلەر ۋە نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنغان. سېنى بۇ يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار ئىنكار قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆز قەۋملىرى ئىنكار قىلغان، شۇڭلاشقا سەۋر قىلغىن ۋە دەۋەتنى داۋاملاشتۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ۗ وَإِنَّمَا تُوَفَّوْنَ أُجُورَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۖ فَمَنْ زُحْزِحَ عَنِ النَّارِ وَأُدْخِلَ الْجَنَّةَ فَقَدْ فَازَ ۗ وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ
ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى جەزمەن تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان نەرسىدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت يۈزە ھۇزۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر جانلىق ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر[30]. شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئەجرىڭلار تولۇق بېرىلىدۇ. ئۇ كۈنى دوزاختىن يىراق قىلىنىپ جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن كىشى ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. — ئەنەس ئالىم
(185-186) ئالدىنقى ئايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، يەھۇدىيلارنىڭ ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئىنكارىدىن چەككەن دەرد - ئەلىمى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىلاھىي تەسەللىينى، بۇ ئىككى ئايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى «ئۇھۇد غازىيلىرى»غا ۋە باشقا بارلىق مۇئمىنلارغا بېرىلگەن ئىلاھىي تەسەللىينى، شۇنداقلا ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلاھىي كۆرسەتمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ھەر جانلىق ئۆلۈمنى تېتىيدۇ، جۈملىدىن سىلەرمۇ ئۆلۈمنى تېتىيسىلەر. چۈنكى بۇ دۇنيا، ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىش يۇرتىدۇر. ئاخىرەت بولسا، ياخشى ئەمەلنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ۋە يامان ئەمەلنىڭ جازاسىغا دۇچار بولۇش يۇرتىدۇر. شۇڭلاشقا ئىچىڭلاردىن ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆلتۈرۈلگەن (غازاتتا شەھىد بولغان) قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن، ياخشى ئەمەل قىلىپ ياخشىلىققا ئېرىشمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ۋە زالىملارنىڭ جازا چەكمىگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرماڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى: ياخشىلار ياخشىلىقلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا قىيامەت كۈنى تولۇق ئېرىشىدۇ، يامانلارمۇ يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىغا قىيامەت كۈنى تولۇق دۇچار قىلىنىدۇ. مۇھىمى ئەنە شۇ قىيامەت كۈنىدە دوزاختىن ساقلىنىپ جەننەتكە كىرىش بولۇپ ھەقىقىي زەپەر، مەڭگۈ نىجاتلىق ۋە ئەبەدىي بەختىيارلىق مانا بۇدۇر. بۇ دۇنيا ھاياتى چىرايلىق مەنزىرىسى ۋە گۈزەل زىننىتى بىلەن ئادەم ئالدايدىغان ۋاقىتلىق مەنپەئەتتىنلا ئىبارەتتۇر. ئى مۇئمىنلار! شۇنى بىلىڭلاركى، سىلەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ماللىرىڭلاردا ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچراش ۋە ياخشى ئىشلارغا پۇل - مال چىقىم قىلىشقا دەۋەت قىلىنىش ئارقىلىق، جانلىرىڭلاردا ئۆلۈم - يېتىم، كېسەللىك ۋە دەرد - ئەلەملەرگە گىرىپتار بولۇش ئارقىلىق ئىلاھىي سىناققا دۇچ كېلىسىلەر. ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دىن ۋە مۇشرىكلاردىن كۆپ ھاقارەت، تەنە ۋە ئازار ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، يەنى بەلنى قويۇۋەتمەي ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرساڭلار، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە ئۆزۈڭلار تەڭلىڭتە ۋە قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەردىن ساقلانساڭلار، شۇنداقلا ھەر ئىشىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا رىئايە قىلساڭلار، ھەقىقەتەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر. ئىلاۋە: 185 - ئايەتتە «جانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «نەفس»تۇر. «نەفس» كەلىمىسى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ بەزىسىدە پەقەت ئىنساننىڭ روھىنى، بەزىسىدە ئىنساننىڭ بەدىنىنى، يەنە بەزىسىدە بولسا، ئىنساننىڭ روھى بىلەن بەدىنىنىڭ بىرلىشىپ تىرىك ۋە ئويغاق تۇرغان ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: 1) «ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ نەفسلىرىنى ئۆلگەن چېغىدا، ئۆلمىگەنلەرنىڭ نەفسلىرىنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان نەفسلەرنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئايەتتە ئۇخلىغان بەدەنگىمۇ، ئۆلگەن جەسەتكىمۇ، ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن چاغلاردا ئېلىنغان روھقىمۇ «نەفس» دېيىلگەن. 2) «نەفسلەر بىر - بىرىگە قوشۇلغاندا» دېگەن مەنىدىكى ئايەتتە قىيامەت كۈنى بىر - بىرىگە قوشۇلىدىغان بەدەنلەر بىلەن روھلار «نەفسلەر» دەپ ئىپادىلەنگەن. 3) «ھەر كىشى ئەتە ئۈچۈن ئەۋەتكەن نەرسىسىگە قارىسۇن»، «ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىم ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئايەتلەردە «كىشى، ھېچكىم»، «نەفس» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ يەردە بىرىنچى ئايەتتىكى «كىشى» ئاخىرىتى ئۈچۈن نېمە ئەۋەتكەنلىكىگە قارايدىغان، ئىككىنچى ئايەتتىكى «ھېچكىم» مەھشەرگاھتا ھېساب بېرىۋاتقان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بەدىنى ۋە روھى بىرلىشىپ تۇرغان ھالەتتىكى تىرىك ۋە ئويغاق كىشىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە كەلگەن «نەفس» كەلىمىسى ئاساسەن مۇشۇ مەنىدە، يەنى «ئادەم، جان، كىشى، ئۆز، ئۆزى» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «نەفس» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە «ئىنساننىڭ يامانلىققا مايىل خۇسۇسىيىتى» دېگەن مەنىدىمۇ ئىشلىتىلگەن. بۇ مەنىدىكى «نەفس»نىڭ ئارزۇسى «ھەۋا» دېيىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىش چەكلىنىدۇ، ئەگەشكەنلەر ئەيىبلىنىدۇ، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەنلەرگە جەننەت ۋەدە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتىكى ۋە بۇ مەنىدىكى ئايەتلەردىكى «نەفس» كەلىمىسى «بەدەن» دېگەنلىك بولىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆلۈمنى تېتىيدىغان تەرىپى ئۇنىڭ بەدىنىدۇر. ئىنساننىڭ روھى بولسا، مۇئەككەل پەرىشتە تەرىپىدىن ئېلىنىپ ئاللاھ بەلگىلىگەن جايدا قويۇلىدۇ ۋە قىيامەتكىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 186-ئايەت) سەۋر ئىلاھىي سىناق كىتاب ئەھلى ئاللاھنى تونۇش (تەقۋا) ئىمان سىناقلىرى سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەشلَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر مال-مۈلكۈڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئۈستىدە چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھتىن قورقساڭلار، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەردىن كۆپ ھاقارەت ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 187-ئايەت) مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) بىلىم ئېلىش مەجبۇرىيىتى كىتاب ئەھلى كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشىوَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالغان ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئازغىنا پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ سېتىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن: «كىتابنى ئىنسانلارغا چوقۇم بايان قىلىسىلەر ۋە ئۇنى يوشۇرمايسىلەر!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىنى ئارقىلىرىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇ كىتابنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم - سېتىمى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارغا ھەر پۇرسەتتە ھاقارەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ يەنە بىر يامانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يامانلىق ئۇلارنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە رىئايە قىلماسلىقىدۇر. بۇ ئەھدە بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرى (مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملار) ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش توغرىسىدا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرىنىڭ ئۆز كىتابلىرىنى ئىنسانلارغا روشەن ھالدا يەتكۈزۈش ۋە ئۇ كىتابلارنىڭ ھېچبىر ھۆكمىنى يوشۇرماسلىق توغرىسىدا ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىدۇر. دەرۋەقە ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن، ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى ئۆز كىتابلىرىدىكى بەزى ھۆكۈملەرنى، خۇسۇسەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز كىتابلىرىدىكى سۈپەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بېشارەتنى يوشۇرغان، شۇنداقلا بۇنىڭ بەدىلىگە دۇنيالىق مەنپەئەت قازانغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَفْرَحُونَ بِمَا أَتَوْا وَيُحِبُّونَ أَنْ يُحْمَدُوا بِمَا لَمْ يَفْعَلُوا فَلَا تَحْسَبَنَّهُمْ بِمَفَازَةٍ مِنَ الْعَذَابِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن) خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيەلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۆز قىلمىشىدىن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن، قىلغان ئىشى بىلەن خۇشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشى بىلەن ماختىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى ئازابتىن قۇتۇلىدۇ دەپ ھېسابلىمىغىن[31]. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلارنىڭ يامان ئۆلىمالىرىنىڭ يەنە مۇنداق بىر ئادىتى بار ئىدى: قىلغان يامان ئىشلىرى بىلەن سۆيۈنۈش ۋە قىلمىغان ياخشى ئىشلار بىلەن مەدھىيىلىنىشنى ياخشى كۆرۈش. ئۇلار ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايتتى، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يوشۇراتتى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆزگەرتەتتى، شۇنداقلا بۇ قىلمىشلىرى بىلەن سۆيۈنەتتى. ئۇلار ئەنە شۇنداق يامان ئىشلارنى قىلغان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى خۇددى ياخشى ئىش قىلىدىغان ۋە باشقىلارنى ياخشى ئىشقا دەۋەت قىلىدىغان يېتەكچىلەر قىلىپ كۆرسىتەتتى، شۇنداقلا بۇ قىلمىغان ياخشىلىقلار ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى (خۇداگۇي، پەرھىزكار، تەقۋادار، دىندار دېگەن سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ) مەدھىيەلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بۇ خاراكتېرىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى بايان قىلىنىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە شۇنداق كاززاپ ئادەملەر باركى، يەھۇدىيلارنىڭ مەزكۇر خاراكتېرى ئۇلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى ۋە گەپ - سۆزىدە رىياكارلىق، مەنمەنچىلىك، تەكەببۇرلۇق ۋە پوچىلىق سۈپىتىدە ئەكس ئېتىدۇ: كىچىككىنە ياخشىلىق قىلىپ بولغۇچە قارشى تەرەپتىن «ھەشقاللا» كۈتىدىغان، ھەتتا ياخشى بىرەر ئىش قىلمىغان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى ياخشىلىقنىڭ پېشۋاسى ۋە ياخشىلارنىڭ پىرى قىلىپ كۆرسىتىدىغان، دىن بىلەن كارى يوق تۇرۇقلۇق دىندار، ھالال - ھارامغا دىققەت قىلمايدىغان تۇرۇقلۇق تەقۋادار ۋە ئىلىمدىن بىخەۋەر تۇرۇقلۇق بىلىمدار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، باشقىلاردىن ھۆرمەت تەمە قىلىدىغان كىشىلەر ئەنە شۇ خاراكتېرلىك ئادەملەردۇر. نۇغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ئۇنداقلارغا ئالدىنىپ خاتا قارار بېرىدۇ ۋە يامان يوللارغا كىرىپ قالىدۇ. نەتىجىدە مەزكۇر خاراكتېردىكى ئادەملەر ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى، ئاندىن باشقىلارنى ئالدىغان بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا: «ئازابتىن قۇتۇلىدۇ دەپ ھېسابلىمىغىن. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار» دەپ بۇ خىل خاراكتېردىكى ئادەملەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان گۇناھكارلارنى، ئۇ ئايەتلەردە ۋەدە قىلىنغان ئازابلار بىلەن جازالاشقا قادىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 190-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى كېچە-كۈندۈز يارىتىلىشتىكى دەلىللەرإِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
(190-194) ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دېگەن، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەن، «ئاللاھ بىزدىن، ئوت كۆيدۈرۈۋېتىدىغان قۇربانلىق مۆجىزىسى كۆرسەتمىگىچە ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىشەنمەسلىككە ئەھدە ئالغان» دېگەن تۆھمەت بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىنسانلارغا بايان قىلىش ۋە ئۇ كىتابنى يوشۇرماسلىق ھەققىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە رىئايە قىلمىغان، قىلغان يامان ئىشلىرى بىلەن سۆيۈنىدىغان ۋە قىلمىغان ياخشى ئىشلار بىلەن مەدھىيەلىنىشنى ياقتۇرىدىغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازالارنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىرىنچى ئايەتتە (190 - ئايەتتە) «ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايەتلەر (يەنى ئاللاھنىڭ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەسلىكى، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھقا موھتاج ئىكەنلىكى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ، ئىلمىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا دەلىللەر) بارلىقىنى زىكىر قىلىش بىلەن ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ دىللىرىنىڭ قارىيىپ، فىترەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ۋە ئەقىللىرىنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ، ئاندىن كېيىنكى تۆت ئايەتتە ئۇ «ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى»نى تونۇتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ (190 ~ 194 - ئايەتلەرنىڭ) مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يوقتىن يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىق ۋە قاراڭغۇ - يورۇقلۇق جەھەتتىن بىر - بىرى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىدا ئاللاھنىڭ باي، بەندىلەرنىڭ پېقىر ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ رەب (مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگۈچى) ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىللەر، پارلاق ئىسپاتلار بار. ئۇ دەلىل - ئىسپاتلارنى پەقەت ئەقلى ساغلام كىشىلەرلا كۆرىدۇ - دە، ئاللاھنىڭ قۇدرەت، ئىلىم ۋە ھېكمەتلىرىنى ئويلايدۇ، ئەمر - پەرمانلىرىنى ئەسلەيدۇ، ئاندىن ھەرقانداق ھالىتىدە ئاللاھ ئالدىدىكى ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشى ۋە كۆركەم مەنزىرىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ، ئۇلارنى ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى، چەكسىز ئىلمى ۋە مىسلىسىز پىلانى ئالدىدا ھاياجانغا تولىدۇ ۋە تۆۋەندىكى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ: رەببىمىز! سەن بۇلارنى بىكار ياراتمىدىڭ، ئەكسىچە ئۇلارنى ھەق بىلەن يەنى ئۇلارنى كۆرۈپ قۇدرىتىڭ ئالدىدا تەسلىم بولغان ۋە نېمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلغان كىشىلەرنى جەننىتىڭ بىلەن مۇكاپاتلاش، بويۇنتاۋلىق ۋە كۇفرىلىق قىلغانلارنى دوزىخىڭ بىلەن جازالاش ئۈچۈن ياراتتىڭ. رەببىمىز! سەن كىمنى دوزىخىڭغا سالساڭ ئۇنى رەسۋا قىلغان بولىسەن، زالىملارنى سېنىڭ ئازابىڭدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. رەببىمىز! بىز «رەببىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار!» دەپ ئىمانغا دەۋەت قىلغان دەۋەتچىنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ ساڭا ئىمان كەلتۈردۇق. رەببىمىز! شۇڭا گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن. رەببىمىز! سەن بىز مۇئمىنلارغا پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق دۇنيادا نۇسرەت ۋە ئۈستۈنلۈك بېرىشنى، ئاخىرەتتە نىجاتلىق ئاتا قىلىشنى ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ. رەببىمىز! سەن بىزگە بەرگەن بۇ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن. شۈبھىسىزكى، سەن ۋەدەڭگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَٰذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللانى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «ئى رەببىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان چاغلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بۇلارنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن ئۇلۇغسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. — ئەنەس ئالىم
-
رَبَّنَا إِنَّكَ مَنْ تُدْخِلِ النَّارَ فَقَدْ أَخْزَيْتَهُ ۖ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى رەببىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، سەن ئۇنى ئەلۋەتتە رەسۋا قىلغان بولىسەن. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، ئۇنى رەسۋا قىلغان بولىسەن. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
رَبَّنَا إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِي لِلْإِيمَانِ أَنْ آمِنُوا بِرَبِّكُمْ فَآمَنَّا ۚ رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَيِّئَاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ الْأَبْرَارِ
پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ”رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار“ دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ
ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) <پەرۋاردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار> دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق، ئى رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىمىز! بىز بىر دەۋەتچىنىڭ: ‹رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار!› دەپ ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە دەرھال ئىمان ئېيتتۇق. رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن. — ئەنەس ئالىم
-
رَبَّنَا وَآتِنَا مَا وَعَدْتَنَا عَلَىٰ رُسُلِكَ وَلَا تُخْزِنَا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّكَ لَا تُخْلِفُ الْمِيعَادَ
پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئى رەببىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىمىز! بىزگە ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىلىرىڭنى ئاتا قىلغىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن، سەن ۋەدەڭگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايسەن». — ئەنەس ئالىم
-
(3-سۈرە ئال ئىمران، 195-ئايەت) جىھاد شېھىتلىك ئىلاھىي مۇكاپات تۆۋە-ئىستىغپار ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىۋى باراۋەرلىكىفَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِنْكُمْ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ ۖ بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ ۖ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ
ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلىپ: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن (تۆرەلگەن)» دېدى. ئاندىن ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋاردىگارى ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يەنە ياخشى مۇكاپات بار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن سىلەردىن ھېچبىرىڭلارنىڭ ئەمىلىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر بىر - بىرىڭلاردىنسىلەر. بۇنىڭغا ئاساسەن مەن ھىجرەت قىلغان، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مېنىڭ يولۇمدا ئەزىيەت چەككەن، ئۇرۇشقان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمەن ۋە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. بۇ ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى مۇكاپاتلار بار». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى (190 ~ 194 -) ئايەتلەردە «ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى»نى تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئىچىڭلاردىن ھېچبىر ئەمەل قىلغۇچىنىڭ ئەمىلىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن، ئەكسىچە ئۇلارنى ئەر - ئايال دەپ ئايرىماستىن ئەمىلىگە تولۇق مۇكاپات بېرىمەن، چۈنكى سىلەرنىڭ مېنىڭ بەندەم بولۇشۇڭلاردا پەرقىڭلار يوق، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا جىنسىيەت ئەمەس، ئىخلاس ۋە تەقۋالىق ئاساس قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغان، يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ئەزىيەتكە يولۇققان، ئۇرۇش قىلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمەن ۋە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەت باغچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمەن. مانا بۇ ئاللاھنىڭ ياخشى ئەمەللەرگە بېرىدىغان مۇكاپاتىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى مۇكاپاتلار بار. ئۇنىڭغا قىزىقىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەسلىشىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يَغُرَّنَّكَ تَقَلُّبُ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي الْبِلَادِ
كاپىرلارنىڭ (پۇل ـ مال، ئابرۇي، مەرتىۋە ئىزدەش يۈزىسىدىن) شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) كافىرلارنىڭ شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالداپ قويمىسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارنىڭ باياشاتچىلىق ئىچىدە شەھەرمۇشەھەر كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ھەرگىزمۇ ئالدىمىسۇن. — ئەنەس ئالىم
(196-197) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئىمان دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان ئەر - ئايال مۇئمىنلارنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ھەر مۇئمىننى، كافىرلارنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىغا ئالدىنىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا بۇ تۇرمۇشىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بەھرىمەن بولۇش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ تۇرمۇشقا ئىگە بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى دوزاخقا مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلۇش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىمان دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئى مۇئمىنلار! كافىرلارنىڭ (ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان ھەر تۈرلۈك ئىنكارچى، مۇشرىك ۋە مۇنافىقلارنىڭ) باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىشى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرەڭلەپ يۈرۈشى، دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ قاملىشىشى، ھەتتا بەزەن ئۇرۇشلاردا زەپەر قازىنىشى قاتارلىقلارغا ئالدانماڭلار (يەنى ئۇلارنىڭ مەزكۇر تۇرمۇشىغا قىزىقماڭلار، ھەۋەسلەنمەڭلار، ئۇلارنىڭ مەزكۇر تۇرمۇشىغا قاراپ ئۆزۈڭلارنى خاتا يولدا، ئۇلارنى توغرا يولدا دەپ خىيال قىلىپ قالماڭلار)، شۇنى بىلىڭلاركى: ئۇ كافىرلارنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى ئازغىنە بەھرىمەنلىكتۇر، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىش بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَتَاعٌ قَلِيلٌ ثُمَّ مَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك! — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان ئورۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئازغىنە بەھرىمەن بولۇشتۇر. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم
-
لَٰكِنِ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا نُزُلًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۗ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ لِلْأَبْرَارِ
پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر (يەنى مۇكاپات ۋە ھۆرمەت) ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن (كۇففارلار بەھرىمەن بولغان باقاسى يوق ئازغىنا راھەتتىن) ئارتۇقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
لېكىن، پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قېلىپ ئاللاھ تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بېرىدىغان مۇكاپاتلىرى بەك ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە كافىرلارنىڭ دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئىمان دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، تەقۋادارلارنىڭ جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئىمان دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان مۇئمىنلارنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ. مۇئمىنلارنىڭ بۇ ئاقىۋىتى 195 - ئايەتتە بايان قىلىنغان تۇرۇقلۇق بۇ ئايەتتە قايتا بايان قىلىنىشى، ئۇ مۇئمىنلارنى «تەقۋادارلار» دېگەن سۈپىتى بىلەن زىكىر قىلىپ مەدھىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ مەزكۇر ياخشى ئاقىۋىتىنى كافىرلارنىڭ يامان ئاقىۋىتى بىلەن قارىمۇقارشى ھالدا يەنە بىر قېتىم زىكىر قىلىپ تەكىتلەش ئۈچۈندۇر (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَمَنْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ خَاشِعِينَ لِلَّهِ لَا يَشْتَرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۗ أُولَٰئِكَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە سېتىۋەتمەيدۇ، ئەنە شۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئاللاھقا، سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنە پۇلغا ساتمايدۇ. ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
يۇقىرىدا (181 -، 183 - 187 - ۋە 188 - ئايەتلەردە) ئەھلى كىتابنىڭ يامانلىرى ۋە ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازالار زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن، (190 ~ 195 - ئايەتلەردە) ئىمان دەۋەتچىسىگە ئەگەشكەن ياخشىلارنىڭ سۈپەتلىرى ۋە مۇكاپاتلىرى زىكىر قىلىنىدۇ، ئاندىن (196 ~ 198 - ئايەتلەردە) ئۇ ئىككى پىرقە پەرقلىق سۈپەتلىرى بىلەن قايتا زىكىر قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يامانلارنىڭ جازاسى ۋە ياخشىلارنىڭ مۇكاپاتى يەنە بىر قېتىم بايان قىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ (199 -) ئايەتتە ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدە بىر تۈركۈم ياخشىلارنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئىمان جەھەتتىن ۋە مۇكاپات جەھەتتىن يۇقىرىدىكى ياخشىلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسى (يۇقىرىدا بىلدۈرۈلگەندەك) ئەسكى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزى ياخشىلارمۇ بار بولۇپ ئۇ ياخشىلار ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە تېگىشمەيدۇ. ئەنە شۇ ئاز سانلىق ئەھلى كىتاب ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەر ئېرىشىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئوخشىشىغا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
ئى مۆمىنلەر! تائەت ـ ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە قارشى زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار) — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! چىداملىق بولۇڭلار، باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلىرىڭلاردىنمۇ بەك چىداملىق بولۇڭلار، ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىدە ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە مۇئامىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئەھكاملارنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇئمىنلارنى نۇرغۇن ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، نۇرغۇن ئىشلاردىن توسىدۇ، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇنلىغان قائىدىلەرنى بىلدۈرىدۇ، بولۇپمۇ «ئۇھۇد كۈنى» مۇئمىنلارنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئىبرەت ئېلىشقا، شۇنداقلا ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئاخىرقى ئايەتتە، سۈرىنىڭ بارلىق مەزمۇنىنى خۇلاسىلەيدۇ، يەنى بۇ سۈرىدىكى بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش، قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە مۇسىبەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىش... قاتارلىق مەزمۇنلارنى، سۈرىنىڭ بۇ ئاخىرقى ئايىتىدە قىسقا، ئىخچام، چۈشىنىشلىك ۋە مول مەزمۇنلۇق ئىپادىلەر بىلەن تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھ ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئىشەنچ قىلىڭلار، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئېغىرچىلىقىغا تاقەت قىلىڭلار، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ تەسلىكىگە بەرداشلىق بېرىڭلار، ئىسلام يولىدا يەتكەن مۇسىبەتلەرنىڭ قىيىنچىلىقىغا چىداڭلار، جەڭ مەيدانلىرىدا دۈشمىنىڭلاردىن بەكرەك سەۋرلىك، غەيرەتلىك ۋە شىجائەتلىك بولۇڭلار، ھەر دائىم ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇڭلار يەنى ھازىرلا ئۇرۇشقا چاقىرىلىدىغان چۈشەنچە بىلەن ھەر جەھەتتىن تەييارلىقلار پۈتكەن ھالەتتە جەڭگە چاقىرىلىشنى ساقلاپ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن يەنى ئاللاھ بۇيرۇغان بىرەر ئىشنى تەرك ئېتىشتىن، ئاللاھ چەكلىگەن بىرەر ئىشنى قىلىشتىن، ئاللاھ قىلغان بىرەر نەسىھەتگە قۇلاق سالماسلىقتىن ساقلىنىڭلار. ئەنە شۇ ئەمر - پەرمانلارغا بويسۇنساڭلار دۇنيادا رەھمەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى