بەقەرە سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 286 ئايەتمەنىسى: كالا. ئاتىلىش سەۋەبى: كالا ۋەقەسى بايان قىلىنغان (67~73- ئايەتلەر)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الم
ئەلىف، لام، مىم — مۇھەممەد سالىھ
ئەلىف، لام، مىم (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلىف، لام، مىيم. — ئەنەس ئالىم
قۇرئان كەرىمدە 29 سۈرە ئەرەب تىلى ئېلىپبەسىدىكى «أ ح ر س ص ط ع ق ك ل م ن ه ي» قاتارلىق 14 ھەرپتىن بىرى ياكى بىرقانچىسى بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇ ھەرپلەر بىر - بىرىدىن ئۈزۈك، ئايرىم - ئايرىم تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى ئۈچۈن «ئۈزۈك ھەرپلەر (ھۇرۇفى مۇقەتتەئە - الحروف المقطعة» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ بەقەرە سۈرىسى ئەنە شۇ 29 سۈرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھەرپلەر بەزى سۈرىلەردە بىر ئايەت، بەزى سۈرىلەردە بىر ئايەتنىڭ پارچىسى بولۇپ كېلىدۇ. تەپسىرلەردە بۇ ھەرپلەرنىڭ مەنىسى توغرىسىدا بىرقانچە ئېھتىمال زىكىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇنۇ ئېھتىمال كۈچلۈكتۇر: ئۇ 29 سۈرىنىڭ بۇ ھەرپلەر بىلەن باشلىنىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدىغانلارغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولۇپ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئى ئىنكارچىلار! بۇ قۇرئان سىلەر بىلىدىغان ۋە مەقسىتىڭلارنى ئۇقتۇرۇشتا قوللىنىدىغان ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن كەلىمە ۋە جۈملىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. قېنى سىلەرمۇ ئۇ ھەرپلەردىن كەلىمە ۋە جۈملىلەرنى تۈزۈپ، قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىرەر كىتاب مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار!» . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذَٰلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ ۛ فِيهِ ۛ هُدًى لِلْمُتَّقِينَ
بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ (قۇرئان) مۇقەددەس كىتابتۇر، ئۇنىڭدا شەك-شۈبھە يوقتۇر، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇركى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ - بۇ كىتابتۇر[1]، ئىچىدە ھېچ شەك يوقتۇر، تەقۋادارلارنى[2] توغرا يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر[3]. — ئەنەس ئالىم
«ئۇ، بۇ كىتابتۇر» - ئىلگىرىكى ئىلاھىي كىتابلاردا نازىل قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان ۋە ئۇ كىتابلارنى بىلىدىغانلار تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان كىتاب بۇ كىتابتۇر. «ئىچىدە ھېچ شەك يوقتۇر» - قۇرئاننىڭ ھەر ئايىتى ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى روشەن ھالدا ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدىلىكتىدۇر. بۇنى، ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئايەتلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ھەر كىشى تونۇپ يېتىدۇ، لېكىن تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە تەپەككۇر قىلماستىن باشتىلا ئىنكار يولىنى تاللىغان كىشىلەر قۇرئاندا شەك قىلىدۇ، ئىككىلىنىپ تۇرىدۇ. «تەقۋادارلارغا ھىدايەتتۇر» - قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەتتۇر، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن تەقۋادارلارغا ھىدايەتتۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىمدىن پەقەت ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىدىغان ۋە قورقىدىغان كىشىلەر مەنپەئەت ئالىدۇ، مانا بۇلار تەقۋادارلار بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىدۇ. تەقۋادار بولمىغانلارغا (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارغا) كەلسەك، قۇرئان كەرىم ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر ۋە كورلۇقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىغا) سەرپ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدىغان، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىدىغان، بىز بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلىدىغان — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار غەيىبكە ئىشىنىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدىغان كىشىلەردۇر[4]. — ئەنەس ئالىم
«ئاللاھ ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىش» كەڭ دائىرىلىك ئىپادە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇلغان ۋە تەرغىب قىلىنغان بارلىق چىقىملارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ چىقىملار تۆۋەندىكىچە: 1) زاكات، ئۆشرە ۋە سەدىقە، 2) جىھاد ئۈچۈن قىلىنغان چىقىملار، يەنى ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ھەقنىڭ ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن چىقىم قىلىنغان ھەر تۈرلۈك مال، بايلىق ۋە پۇللار، 3) ئاتا - ئانىغا قىلىنغان ياخشىلىق، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا قىلىنغان سىيلە - رەھىم، پېقىر - مىسكىن ۋە موھتاجلارغا قىلىنغان خەير - ئېھسانلار، 4) ياخشى يوللارغا قىلىنغان ھەر تۈرلۈك ياردەم ۋە ئىئانىلەر، 5) ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان چىقىملار، 6) كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە قىلغان شەرىئەتكە ئۇيغۇن خىراجەتلىرى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ وَبِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ساڭا نازىل قىلىنغان بۇ كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر)لەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر ئەۋەتكەن ۋە ھەر بىرىگە كىتاب نازىل قىلغان، ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ كىتاب نازىل قىلغان، شۇنداقلا ئىنسانلارنى ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسگە ۋە ئۇلارغا نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىشكە بۇيرۇغان، بۇ بۇيرۇققا بويسۇنغانلارنى مەدھىيەلىگەن. بۇ ئايەتتە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان بارلىق كىتابلارغا ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىشىنىشنىڭ، تەقۋادارلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. دېمەككى، قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتىگە، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ۋە قۇرئان كەرىمگە لايىق رەۋىشتە ئىشەنگەنلەرلا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ عَلَىٰ هُدًى مِنْ رَبِّهِمْ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا ماڭغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار رەببىدىن كەلگەن ھىدايەت ئۈستىدە بولغانلاردۇر[5]، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر[6]. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى زېمىنغا چۈشۈپ كېتىشكە بۇيرۇغان چاغدا ئۇلارغا، كەلگۈسى ھەققىدە «مەندىن سىلەرگە كەلگەن ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزىنى ئېيتقان. يۇقىرىدىكى (ئايەتلەردە بايان قىلىنغان) ئېتىقاد ۋە ئەمەلگە ئىگە بولغانلار ئەنە شۇ ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «مۇرادىغا يەتكۈچىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مۇفلىھۇنە» بولۇپ، بۇ كەلىمىنىڭ ئەسلىي مەسدىرى (سۆز تومۇرى) «فەلاھ»تۇر. فەلاھنىڭ مەنىسى دائىمىي نېمەتكە ۋە ئەبەدىي ياخشىلىققا ئېرىشىش دېگەن بولىدۇ . بۇ مۇكاپات، 87 - سۈرە (ئەئلا)نىڭ 14 - ئايىتى بىلەن 91 - سۈرە (شەمس)نىڭ 9 - ئايىتىدە ئۆزىنى پاك تۇتقانلارغا ۋەدە قىلىنغان. بۇ ئايەتلەردە بولسا، بۇ ۋەدىنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى پاكلاشنىڭ ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېنىقكى، سەن كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن فىترىتىنى بۇزغان، شۇنداقلا ئىمانغا بولغان قابىلىيىتىنى يوقاتقان تەرسالارغا كەلسەك، ئۇلار ئىلاھىي دەۋەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ كۇفرىلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ياكى ئاگاھلاندۇرماسلىقىڭنىڭ پەرقى يوق؛ ئۇلارغا نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان تەرسا كافىرلاردۇر. ئەمما تەرسا بولمىغان كافىرلار ئىمان ئېيتىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەر بار. تارىخ بويىچە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە، جۈملىدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. بۇ ھەقتە كىيىنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
خَتَمَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَعَلَىٰ سَمْعِهِمْ ۖ وَعَلَىٰ أَبْصَارِهِمْ غِشَاوَةٌ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ (گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن) دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن، ئۇلارغا ناھايىتى چوڭ ئازاب باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە ئاڭلاش قابىلىيىتىنى پېچەتلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ بىر تۈرلۈك پەردە بار. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار[7]. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى، ھەقىقەتكە تەرسالىق قىلىشى ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىشى قاتارلىق يامان قىلمىشلىرى سەۋەبلىك دىللىرىنى، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن. ئۇلار ناھايىتى چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۇنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ۋە يۈز ئۆرۈشىگە سەۋەبچى بولغان تەكەببۇرلۇق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكى ئاللاھ ھىدايەت ۋە زالالەت ئۈچۈن بېكىتكەن سىستېما بويىچە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پېچەت، كۆزلىرىدە پەردە، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بولۇپ ئۇلارنى قۇرئانغا بويسۇنۇشتىن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن توسىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ ھالىتى بىلەن تاشلىۋېتىدۇ. ئايەتتە مانا بۇ ئەھۋال، ئاللاھ تائالانىڭ پېچەتلىۋېتىشى دېگەن ئىپادە بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ
كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە شۇنداق كىشىلەر باركى مۇئمىنلار بىلەن كافىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارىسالدى بولۇپ يۈرۈيدۇ، تېڭىرقايدۇ. تىلىدا ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئىمان ئىزھار قىلىدۇ، كۇفرىلىقىنى دىلىدا يوشۇرىدۇ. ئۇلار كاززاپ ئادەملەر بولۇپ مۇئمىنلارنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ؛ مۇئمىن ھېسابلانمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ھاماقەتلىكىدىن بۇ ئىككى يۈزلىمىلىلىكى بىلەن ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالدىغانلىقىنى ئويلايدۇ؛ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ئاللاھنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ مۇنافىقىلىق قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى، سىرلىرىنى ۋە كۆڭۈللىرىگە كەلگەن خىياللىرىنى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ، چۈنكى بۇ قىلمىشىنىڭ زىيىنىنى ئىككىلى دۇنيادا ئۆزلىرى تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت) كېسىلى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇلار (ئىمان ئېيتتۇق دەپ) يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل زىيادە قىلدى. ئۇلارغا يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئۇلارنىڭ دىللىرىدا بۇزۇق ئەقىدە، شەك - شۈبھە ۋە يامان نىيەت كېسىلى بار ئىدى. ئاللاھ مۇئمىنلارغا نۇسرەت بېرىش ۋە ئىسلامنى كۈچەيتىش بىلەن ئۇلارغا، مۇئمىنلارغا ھەسەت قىلىش ۋە ئاداۋەت قىلىش كېسىلىنى بېرىپ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇلار ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغانلىقى ۋە يالغان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ قَالُوا إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ
ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلارغا بىرى: «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار؛ باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسماڭلار، كافىرلارنى دوست تۇتماڭلار، مۇئمىنلارنىڭ سىرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزمەڭلار، جەمئىيەتتە پىتنە - ئىغۋا تارقاتماڭلار، ئۇرۇش چىقىرىشقا ئۇرۇنماڭلار» دەپ نەسىھەت قىلسا، ئۇلار: «بىز بۇزغۇنچى ئەمەس، ئەكسىچە پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچى كىشىلەرمىز» دەيدۇ. ئۇلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بۇزغۇنچىلىقنى ئىسلاھ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ قالغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْمُفْسِدُونَ وَلَٰكِنْ لَا يَشْعُرُونَ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە بۇزغۇنچىلار ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار تۇيمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار ! دىققەت قىلىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئۇ مۇنافىقلار بۇزغۇنچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر، لېكىن ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ يامان قىلمىشىنى ياخشى ئىش دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقى ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇزغۇنچى ئىكەنلىكى سەزمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا كَمَا آمَنَ النَّاسُ قَالُوا أَنُؤْمِنُ كَمَا آمَنَ السُّفَهَاءُ ۗ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ السُّفَهَاءُ وَلَٰكِنْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق، لېكىن ئۇلار (بۇنى) بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە ئەخمەقلەر ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلارغا بىرى نەسىھەت قىلىپ: «مۇئمىنلار ئىمان ئېيتقاندەك، سەمىمىي ھالدا ئىمان ئېيتىڭلار؛ تىلىڭلاردا ئېيتقان شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى دىلىڭلار بىلەن تەستىقلاڭلار، ئەمەلىيىتىڭلارنى ئۇنىڭغا توغرىلاڭلار» دېسە، ئۇلار دەرھال دەتالاشقا باشلاپ: «بىز كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، ئەقلى كەم، دۇنياقارىشى چولتا بولغان شۇ ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟! بىز كىم؟ ئۇلار كىم؟ ئۇلارغا ئەگىشىش بىزگە ياراشمايدۇ» دەيدۇ. ئى مۇئمىنلار! بىلىڭلاركى، ئۇ مۇنافىقلار ئۆزلىرى ئەخمەقتۇر، دۆتتۇر، كالۋادۇر. لېكىن ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَىٰ شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِئُونَ
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت (تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شەيتانلىرى (يەنى كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، بىز پەقەت ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «بىز راستتىنلا سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز، خالاس» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلار سەمىمىي مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشسا: «بىز سىلەر ئىمان كەلتۈرگەن نەرسىلەرگە ئىمان كەلتۈردۇق؛ بىز ئىماندا سىلەر بىلەن ئوخشاش» دەيدۇ. ئەمما ئۇ مۇئمىنلاردىن ئايرىلىپ ئۆزلىرىنىڭ پىكىرداش، سىرداش، يولداش ۋە پېشۋالىرىدىن ئىبارەت بولغان شەيتانلىرى بىلەن ئايرىم بىر جايدا بولغاندا بولسا، ئۇ شەيتانلىرىغا: «بىز ئىمان - ئېتىقاد ۋە ئىش - ھەرىكەتتە سىلەر بىلەن بىللىدۇرمىز. بىزنىڭ مۇئمىنلارغا ئېيتقان سۆزىمىز، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش، زاڭلىق قىلىش ۋە ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن ئىدى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىش گۇناھىغا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ تۇرسىمۇ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقىغان ھالەتلىرى بىلەن تاشلىۋېتىدۇ، ئاندىن جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَىٰ فَمَا رَبِحَتْ تِجَارَتُهُمْ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ، گۇمراھلىقنى ئالدى. شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلاردۇر. شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى، ئۇلار ھىدايەت تاپمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ھىدايەتكە زالالەتنى سېتىۋالغان، بۇ سەۋەبتىن تىجارىتى پايدا بەرمىگەن ۋە توغرا يولدا ماڭمىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ مۇنافىقلار مۇنافىقلىق قىلىش بىلەن ناھايىتى زىيانلىق سودا قىلغان، شۇنداقلا پايدا تېپىش تۈگۈل، سەرمايىسىدىنمۇ ئايرىلىپ كەتكەن ئادەمگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ مۇنافىقلار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش ۋە كاززاپلىق قىلىش بىلەن فىترىتىنى بۇزدى ۋە پەيغەمبەر دەۋەت قىلغان توغرا يولنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىقتا قېلىشنى تاللىدى، شۇنداقلا يارىتىلىشتىن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قابىلىيەتنى يوقاتتى ۋە سەمىمىي ئىمان ئېيتمىدى. مانا بۇ، ئوچۇق - ئاشكارا زىياندۇر. ئۇلار بۇ تىجارەتتە توغرا ئىش قىلمىغان؛ پاك فىترەت سەرمايىسىنى ساقلاپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىش پايدىسىنى ئېلىشقا تىرىشمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لَا يُبْصِرُونَ
ئۇلار گوياكى (كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار گوياكى (كېچىدە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئەمما ئوت ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە قويۇپ قويدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلارنىڭ مۇنافىقلىقتىكى ئەھۋالى، ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئوت ياققان، ئوتى يېنىپ ئەتراپ يورۇشى بىلەن تامامەن ئۆچۈپ قالغان ۋە ئۆزلىرى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە ھېچ نەرسە كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە قالغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغىمۇ مۇئمىنلارغا بەرگەن ھىدايەت قابىلىيىتىنى بەرگەن ۋە پەيغەمبىرى ئارقىلىق مۇئمىنلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغاندەك ئۇلارنىمۇ ھىدايەتكە دەۋەت قىلغان. ئۇلار بولسا، قۇلاقلىرىنى ۋە كۆزلىرىنى ھىدايەتكە ئېتىۋالغان، دىللىرى بىلەن ھىدايەتنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنداقلا ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋەتكەن. نەتىجىدە ئۇلار تېڭىرقاش ۋە ئارىسالدى بولۇش ئىچىدە ھېچبىر پايدىلىق يۆنىلىشنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
ئۇلار گاستۇر (يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ)، كوردۇر (يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار گاستۇر (يەنى ياخشى گەپنى ئاڭلىمايدۇ)، گاچىدۇر (يەنى ھەق سۆزنى قىلمايدۇ)، كوردۇر (يەنى توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار (گۇمراھلىقتىن) قايتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار گاس، گاچا ۋە كوردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قايتمايدۇ[8]. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇنافىقلار قۇلاقلىرىنى ھەقكە ئېتىۋالغان، تىللىرىنى ھەقنى سۆزلەشكە ئىشلەتمىگەن، كۆزلىرىنى ھەقكە يۇمۇۋالغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئازغۇنلۇقتىن يېنىپ، سەمىمىي ئىمانغا قايتمايدۇ؛ ئۇلار مەنىۋى جەھەتتىن گاس، گاچا ۋە كور ئادەملەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوْ كَصَيِّبٍ مِنَ السَّمَاءِ فِيهِ ظُلُمَاتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ مِنَ الصَّوَاعِقِ حَذَرَ الْمَوْتِ ۚ وَاللَّهُ مُحِيطٌ بِالْكَافِرِينَ
ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇنداق كافىرلارنىڭ ھەممە ئىشىنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاسماندىن تۆكۈلگەن قاتتىق يامغۇرغا مۇپتىلا بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا قاراڭغۇلۇقلار، گۈلدۈرماما ۋە چاقماق بار. ئۇلار ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالىدۇ. ئاللاھ كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ياكى ئۇ مۇنافىقلارنىڭ ئەھۋالى، ناھايىتى قاراڭغۇلۇقتا قاتتىق ياغقان گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق يامغۇرغا مۇپتىلا بولغان، ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ گۈلدۈرماما ئاۋازلىرىغا قارشى بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالغان ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ پۈتكۈل كافىرلارنى، جۈملىدىن ئۇ مۇنافىقلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلارنى ئۆز قۇدرىتى ۋە ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَكَادُ الْبَرْقُ يَخْطَفُ أَبْصَارَهُمْ ۖ كُلَّمَا أَضَاءَ لَهُمْ مَشَوْا فِيهِ وَإِذَا أَظْلَمَ عَلَيْهِمْ قَامُوا ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمْعِهِمْ وَأَبْصَارِهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ، ئۇلار چاقماق يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
چاقماق نۇرى ئۇلارنى كۆرەلمەس قىلىپ قويغىلى تاس قالىدۇ، ھەر قېتىم چاقماق چاققاندا، ئۇلار ئۇنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ؛ (چاقماق ئۆچۈپ) قاراڭغۇ بولغاندا بولسا تۇرۇپ قالىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىپ قوياتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
چاقماق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قۇيىۋەتكىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار قاچانىكى چاقماق ئەتراپىنى يورۇتسا ماڭىدۇ، چاقماق ئۆچۈپ ئەتراپ قاراڭغۇلاشسا تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋېتەتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[9]. — ئەنەس ئالىم
ئۇ يامغۇر بىلەن بىرلىكتە چېقىلغان چاقماق، قاتتىق پارلاق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى قۇيۇۋەتكىلى تاس قالىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنىلا چاقماق چېقىلغاندا ئۇنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋالىدۇ، چاقماق توختاپ قاراڭغۇلۇق باسقاندا تۇرغان يەرلىرىدە تۇرۇپ قالىدۇ. مۇنافىقلارمۇ دەلىللەرنى ئاڭلىغاندا سەمىمىي ئىمان ئېيتىشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىنلا يېنىۋالىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار ھەقنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ بولۇپ ئۇنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ۋە كۆزلىرىنى يوقىتىۋېتەتتى. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. لېكىن ئاللاھ گۇناھ قىلغانلارنى دەرھال جازالاشنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارغا باشتا بىر مۇددەت مۆھلەت بېرىشنى، ئاندىن مۇددەت توشقاندا جازالاشنى خالىدى. دەرۋەقە ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر ئۇ مۇنافىقلارنى، ئاللاھ ياراتقان ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئىككى تۈرلۈك ئىلاھىي ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھىدايەت نۇرىدىن كىچىككىنە بىر پارچە چاقنايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەرسالىق، تەقلىدچىلىك، شۈبھىچىلىك، مەنپەئەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسى ... قاتارلىق يامان چۈشەنچە، خاتا پىكىر ۋە يامان خاراكتېرى ئۇ نۇرنى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىدۇ - دە، يەنە تېڭىرقاش، ئارامسىزلىق ۋە بۇزۇق نىيەتلەر قايتىپ كېلىدۇ. خۇلاسە مۇنافىقلار - تىلى باشقا، دىلى باشقا، قەسەمخور، كاززاپ، رىياكار، ئىككى يۈزلىمىچى، كافىرلارنى دوست تۇتىدىغان، يامانلىققا بۇيرۇپ، ياخشىلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا قۇرئان كەرىمدە «ئەلەملىك ئازاب»، «دوزاخنىڭ ئاستىنقى قەۋىتى»، «جەھەننەمنىڭ ئوتى، لەنەت ۋە مۇقىم ئازاب»، «قاتتىق ئازاب» ۋە «خورلىغۇچى ئازاب» قاتارلىق ئازابلار ۋەدە قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى ۋە بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى يوقتىن ياراتقان ھەقىقىي ئىگەڭلاردۇر. پەقەت بۇ شەكىلدىلا (ئىبادەتنى پەقەت ئاللاھقا قىلىش بىلەنلا) تەقۋادار بولالايسىلەر، شۇنداقلا ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ فِرَاشًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ ۖ فَلَا تَجْعَلُوا لِلَّهِ أَنْدَادًا وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. شۇڭا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى سېلىنجا ۋە ئاسماننى تورۇس قىلىپ بەردى، ئاسماندىن(بۇلۇتتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. شۇڭا، سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرگە زېمىننى سېلىنچا، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى. ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە رىزىق سۈپىتىدە مېۋىلەرنى چىقىرىپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بىلىپ تۇرۇپ بەزى كىشىلەرنى[10] ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرمەڭلار! — ئەنەس ئالىم
ئۇ ھەقىقىي ئىگەڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرگە ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ھەر تۈرلۈك مەنپەئەتىڭلارغا مۇناسىپ كېلىدىغان شەكىلدە يارىتىپ بەردى. ئاسماننى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق جىسىملارنى مۇستەھكەم بىنادەك يارىتىپ ئۈستۈڭلارغا ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقلا ئۆز قۇدرىتى، ھېكمىتى، ئىلمى ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرىنى كۆز ئالدىڭلارغا قويدى. ئاسمان تەرەپتىن سۇ (يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر) چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا ئوت - چۆپ، كۆكتات، ئاشلىق، مېۋە ۋە ھايۋانلارنى يېتىشتۈرۈپ سىلەرنى رىزىق بىلەن تەمىنلىدى. سىلەر فىترىتىڭلار بىلەن ئۇ ئىگەڭلارنىڭ ئوخشىشى، تەڭدىشى ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر. ئۇنداقتا، ئۇ ئىگەڭلارغا باشقىلارنى تەڭداش كۆرۈپ ئۇلارنى ئىبادەتتە ئۇ ئىگەڭلارغا شېرىك قىلماڭلار. ئەسكەرتىش: «تەڭداش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «نىد - ند»نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «ئەنداد - أنداد» بولۇپ، مەنىسى مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە دەپ قارالغان ۋە ئاللاھقا قارشى بىر قىسىم ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان شەيئى ۋە شەخس دېمەكتۇر. مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن شەيئى ۋە شەخسلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ۋە ئاللاھقا قارشى ئىش قىلالايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلمىشى، ئۇلارنىڭ شۇنداق ئېتىقاد قىلغانلىقى ھېسابلانغان ۋە چەكلەنگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِمَّا نَزَّلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِنْ مِثْلِهِ وَادْعُوا شُهَدَاءَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا قارشى تۇرۇشتا) ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار — مۇھەممەد سالىھ
بىز بەندىمىز (مۇھەممەد) گە نازىل قىلغان قۇرئانغا شەك كەلتۈرسەڭلار ھەمدە (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن) گېپىڭلار راست بولسا، ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ، قۇرئاندىكىگە ئوخشاش كىچىك بىر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر سىلەر بىز بەندىمىزگە نازىل قىلغان قۇرئاندىن شۈبھىلەنگەن بولساڭلار، قېنى ئۇنىڭ ئوخشىشىدىن بىرەر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، ئاللاھتىن باشقا پۈتكۈل شاھىدلىرىڭلارنى[11] چاقىرىڭلار! ئەگەر راستچىل بولساڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى كافىرلار! ئەگەر سىلەر بىز بەندىمىز مۇھەممەدكە نازىل قىلغان ۋە سىلەرگە يەتكۈزۈلۈۋاتقان قۇرئاننىڭ، بىز نازىل قىلغان كىتاب ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانساڭلار، ھەر جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىرەر سۈرە مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! ئەگەر «قۇرئان ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس، مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇرغان ئويدۇرما» دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ياردەمچىلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ھەممىڭلار بىرلىشىپ لەۋزىدە ۋە مەنىسىدە قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىرەر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا وَلَنْ تَفْعَلُوا فَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ ۖ أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ
ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بۇنداق قىلالمىساڭلار ـ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايسىلەر ـ كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن قورقۇپ، گۇناھتىن ساقلىنىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر قىلمىساڭلار - ھەرگىزمۇ قىلالمايسىلەر - دوزاختىن ساقلىنىڭلاركى، ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇ دوزاخ كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان. — ئەنەس ئالىم
قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى ھەرگىزمۇ مەيدانغا كەلتۈرەلمەيسىلەر. ئى ئىنسانلار! سىلەر جىنلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيسىلەر. ئۇنداقتا، ئالدىڭلاردا بىرلا يول قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ قۇرئانغا ئىشىنىپ، ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىگە ئەگىشىش ئارقىلىق دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىشتۇر، چۈنكى ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئەلچىلەرگە ئەگەشمىگەنلەر دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَبَشِّرِ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ كُلَّمَا رُزِقُوا مِنْهَا مِنْ ثَمَرَةٍ رِزْقًا ۙ قَالُوا هَٰذَا الَّذِي رُزِقْنَا مِنْ قَبْلُ ۖ وَأُتُوا بِهِ مُتَشَابِهًا ۖ وَلَهُمْ فِيهَا أَزْوَاجٌ مُطَهَّرَةٌ ۖ وَهُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنمۇ رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى (دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە) ئوخشايدىغان (ئەمما تەمى ئوخشىمايدىغان) مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلارغا قاچانىكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرەر رىزىق بېرىلسە، ئۇلار: «بۇ ئىلگىرىمۇ بىزگە بېرىلگەن رىزىق» دەيدۇ. - ئۇلارغا ئوخشىشىدىغان رىزىقلار بېرىلىدۇ - ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن[12] جۈپلەر بار ۋە ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
يۇقىرىدىكى ئايەتتە قۇرئانغا ئىشەنمىگەنلەرنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە قۇرئانغا ئىشەنگەن ۋە قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغانلارغا ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەت ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ تاماملانغان بولىدۇ، چۈنكى باشتا تەۋھىد، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ئاخىرەت ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. «ئۆستەڭلەر» - جەننەتنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان سۇ، تەمى ئۆزگەرمەيدىغان سۈت، مەست قىلمايدىغان ۋە ئىچكەنلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شاراب، ساپ ھەسەل قاتارلىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلىرىدۇر. «ئوخشىشىدىغان رىزىق» - جەننەت ئەھلىنىڭ يېمەكلىكلىرى بولغان قۇش گۆشلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك مېۋىلەردۇر. مېۋىلەر ئىسىم، رەڭ ۋە شەكىلدە دۇنيادىكى مېۋىلەرگە ئوخشايدۇ، لېكىن تەم ۋە لەززەتتە پەرقلىقتۇر. جەننەت ئەھلىگە مېۋىلەر مۇشۇنداق ئوخشىشىدىغان ھالەتتە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ھەر قېتىمدا يۇقىرىدىكى سۆزنى قىلىدۇ. «پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن جۈپلەر» - ئىنسانىي كەمچىلىكلەردىن خالىي ھالدا قايتا يارىتىلغان جۈپلەر دېمەكتۇر . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ لَا يَسْتَحْيِي أَنْ يَضْرِبَ مَثَلًا مَا بَعُوضَةً فَمَا فَوْقَهَا ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَيَقُولُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۘ يُضِلُّ بِهِ كَثِيرًا وَيَهْدِي بِهِ كَثِيرًا ۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِ إِلَّا الْفَاسِقِينَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كاپىرلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن) ھىدايەت قىلىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ؛ كافىرلار بولسا: «ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت تاپقۇزىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بىر پاشىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ ياكى كىچىك نەرسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتىن تارتىنمايدۇ. مۇئمىنلار ئۇنىڭ رەببى تەرىپىدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كافىرلار بولسا «ئاللاھ بۇنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتە نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن فاسىقلارنىلا[13] ئازدۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ھېچقانداق مىسالنى بايان قىلىشتىن خىجىل بولمايدۇ؛ مىسال قىلىپ كۆرسىتىلىدىغان نەرسە پاشا ياكى ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك نەرسە بولسىمۇ ئۇ نەرسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتىن تارتىنمايدۇ. ئاللاھ قانداق نەرسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرسە كەلتۈرسۇن مۇئمىنلار ئۇ مىسالنى ئۆزلىرىنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە قۇرئاننى نازىل قىلىپ نىجاتلىق يولىغا چاقىرغان ئىگىسى - ئاللاھ نازىل قىلغان ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كافىرلار بولسا، ئەجەبلىنىپ: «ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نېمىنى ئىرادە قىلدى؟» دەيدۇ ۋە ئىنكار قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان ئۇ مىسال ئالدىدا ئىككىگە ئايرىلىدۇ: بىرى ئۇنى ئاللاھنىڭ بايان قىلغانلىقىغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە لايىق بولغانلار، يەنە بىرى ئۇنى ئاللاھنىڭ بايان قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھنىڭ ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىشىگە لايىق بولغانلار. ئاللاھ پەقەت توغرا يولنى قوبۇل قىلمىغانلارنىلا ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ. مىسال كەلتۈرۈش - سۆزنى گۈزەللەشتۈرىدىغان، كۈچلەندۈرىدىغان ۋە ئاسانلاشتۇرىدىغان بىر تۈرلۈك ئەدەبىيات سەنئىتىدۇر. ئاللاھ تائالا ئاخىرقى كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئەرەبچە تىل بىلەن نازىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەبچىدە ئىشلىتىلىدىغان مىسال كەلتۈرۈش سەنئىتىنىمۇ قۇرئان كەرىمدە ئىشلەتكەن؛ بەزى مەسىلىلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرگەن. قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كەلگەن مۇشرىكلار، بۇ نۆۋەت ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان «ئوت ياققان كىشى»، «قاتتىق يامغۇر»، «ئۆمۈچۈك»، «چىۋىن» قاتارلىقلارغا ئوخشاش مىساللارنى باھانە قىلىپ تەنە قىلغان ۋە: «بۇنداق نەرسىلەرنى مىسال قىلىش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ» دېگەن. بۇ جاھىللارغا جاۋابەن بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان. «فاسىقلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە لۇغەتتە پىشقان خورمىنىڭ پوستىدىن چىقىشى دېگەن مەنىدىكى «فسق» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن كۆپلۈك ئېنىق سۈپەتداشتۇر. مەنىسى ئەقىل ۋە فىترەتكە خىلاپلىق قىلغۇچىلار، ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەرك ئەتكۈچىلەر، ھەق يولدىن چىققۇچىلار، گۇناھ قىلغۇچىلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقۇچىلار، شەرىئەت چەكلىگەن ئىشنى قىلغۇچىلار دېگەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئىسىم، سۈپەتداش ۋە پېئىل بولۇپ، «فسق»دىن تۈرلەنگەن 60 ئەتراپىدا كەلىمە بار. ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى مەنىلەرنىڭ بىرىدە ئىكەنلىكىنى ئالدى - كەينىدىكى ئايەتلەر بەلگىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە ـ رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ پاسىقلاردىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن ئۇلار بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويىدۇ، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ فاسىقلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى، ئاللاھ ئۇنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدۇ[14] ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدىغان ئۇ كىشىلەر ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە رىئايە قىلمايدىغان، ئىنسانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياخشىلىق قىلمايدىغان، خۇسۇسەن تۇغقانلىرىغا سىيلە - رەھىم قىلمايدىغان، زېمىندا ھەر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلىدىغان، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدىغان ئادەملەردۇر. ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە بىرەر ئالامەت سۈپىتىدە ياراتقان. ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىنساننى بولسا، ئۆز ئەقلى بىلەن بۇ ھەقىقەتنى تاپالايدىغان قابىلىيەتتە ياراتقان، شۇنداقلا ئۆزىنى «ئالەملەرنىڭ رەببى»، ئۇ نەرسىلەرنى «ئالەملەر» دەپ تونۇشتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىنسان دۇنياغا كۆز ئېچىپ گەپ قىلالىغۇدەك بولغاندىن تارتىپ ئاللاھنى ئىزدىگىلى باشلىسا، تاكى بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا تاپىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىنسان دۇنياغا كۆز ئېچىپلا ئەتراپقا قىزىقىش بىلەن قاراپ، ئۆزىدىن «بۇنى كىم ياراتقان؟ ئۇنى كىم ياراتقان؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشاپ، بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا ئاللاھ تائالا ئۇ ئالەملەر ئارقىلىق يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، بۇلۇت، يامغۇر ۋە ئۇچارقاناتلار، ئاستىدىكى زېمىن، ئەتراپىدىكى دېڭىز، دەريا، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ، ئوت - چۆپ ۋە ئېكىنلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇلىقىغا: «ھەي مەخلۇق! ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە باققۇچى مەن ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ - دە، ئۇ ئىچىدە: «شۇنداق، ياراتقۇچى ئەلۋەتتە سەندۇرسەن يارەب! مەن بۇنى ئەمدى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلدىم» دەيدۇ ۋە ئىزدىنىشتىن توختايدۇ، باشقىسىدىن سوئال سوراشقىمۇ ئېھتىياج ھېس قىلمايدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش مەسئۇلىيىتى مانا مۇشۇ ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا ئاللاھ تائالاغا ئەنە شۇ ئەھدىنى بېرىدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا كىتاب نازىل قىلىپ ئۇ ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كېيىن بەزىلەر بۇ ئەھدىسىدە تۇرىدۇ، بەزىلەر تۇرمايدۇ. تۇرمىغانلار ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى (ئاللاھقا تەزىم قىلىشنى، ئاللاھقا بىۋاسىتە دۇئا قىلىشنى، ئاللاھ كۆرسەتكەندەك ياشاشنى، جۈملىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشنى، تۇغقانلارغا سىيلە - رەھىم قىلىشنى) ئۈزىدۇ، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۆزلىرى زىيان تارتىدۇ. بۇ، ئالدىنقى (26 -) ئايەتتە ئۆتكەن فاسىقلارنىڭ يەنى مېڭىشقا تېگىشلىك بولغان توغرا يولدىن چىققانلارنىڭ سۈپىتىدۇر. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىلىرىگە زىيان يەتكۈزگۈچى كىشىلەردۇر. بۇ سۈرىدىكى بىرىنچى خىتابتا (21 - ئايەتتىكى ئىلاھىي نىدا ) پۈتۈن ئىنسانلار ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئاندىن بۇ ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەردە، ئۇلارغا تەۋھىد ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىدۇ، ئاندىن ئۇ خىتابقا قۇلاق سالغانلار بىلەن قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋەتلىرى بىلدۈرۈلىدۇ. 28 - 29 - ئايەتلەردە بولسا، ئىنسانلارنىڭ كافىرلار قىسمىغا خىتاب قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا بەزى نېمەتلەر ئەسلىتىلىدۇ، ئۇلاردىن كافىرلىقىنىڭ سەۋەبى سورىلىدۇ. بۇ، ئەسلىدە سوراق بولماستىن ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەش، سىلكىشلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سوراق شەكلىدە كەلگەن ئىپادىدۇر. بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەنسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَيْفَ تَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَكُنْتُمْ أَمْوَاتًا فَأَحْيَاكُمْ ۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنىي ئىدىڭلار)، كېيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى كافىرلار) ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى، كېيىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئاللاھقا قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ئۆلۈك ئىدىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈردى، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەرنى يەنە ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى كافىرلار! سىلەرنىڭ كافىر بولۇشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟! كافىرلىقىڭلارنىڭ قانداق ئاساسى بار؟! سىلەر ئەسلىدە يوق ئىدىڭلار، سىلەرنى ئاللاھ يوقتىن ياراتقان ۋە ياشاتماقتا، ئاللاھ سىلەرنى ئەجىلىڭلار توشقاندا ئۆلتۈرۈپ يەنە يوق قىلىدۇ، ئاندىن قايتا تىرىلدۈرىدۇ ۋە ھۇزۇرىغا يىغىپ ھېساب ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ اسْتَوَىٰ إِلَى السَّمَاءِ فَسَوَّاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ ۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ يەر زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسمانلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى يەتتە ئاسمان قىلىپ تەكشىلىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ زېمىندىكى پۈتكۈل نەرسىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ياراتقان، يەتتە ئاسماننىمۇ ياراتقان ۋە ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان قۇدرەتلىك زاتتۇر. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇ ئاللاھقا قانداقمۇ كافىر بولىسىلەر؟! ئەقلىڭلارنى نېمىشقا ئىشلەتمەيسىلەر؟! ۋىجدانىڭلارغا نېمىشقا قۇلاق سالمايسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الْأَرْضِ خَلِيفَةً ۖ قَالُوا أَتَجْعَلُ فِيهَا مَنْ يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ الدِّمَاءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ ۖ قَالَ إِنِّي أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە بىر خەلىپە*[1] يارىتىمەن» دېگەن ئىدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان ئىنساننى (خەلىپە قىلىپ) يارىتامسەن؟ ھالبۇكى، بىز بولساق سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن زېمىندا خەلىپە قىلىمەن»[15] دېگەن ئىدى، پەرىشتىلەر: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان كىشىنى خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى ھەمد ئېيتىپ ئۇلۇغلاۋاتىمىز ۋە سېنى پاك دەپ تونۇۋاتىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «مەن زېمىندا خەلىپە بارلىققا كەلتۈرىمەن؛ بىر - بىرنىڭ ئورنىنى بېسىپ مەۋجۇتلۇقى داۋاملىشىدىغان ۋە مەن زېمىننى ئاۋات قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدىغان بىر تۈرلۈك مەخلۇقات يارىتىمەن» دېگەن ئىدى، پەرىشتىلەر: «ئى بىزنىڭ ئىگىمىز - ئاللاھ! زېمىندا گۇناھ - مەئسىيەت ۋە پىتنە - ئىغۋا بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىر - بىرىنىڭ قېنىنى تۆكىدىغان كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا زېمىننى ئاۋات قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرامسەن؛ بۇزغۇنچىلىق قىلىش، بىر - بىرىگە زۇلۇم قىلىش ۋە بىر - بىرىنىڭ قېنىنى تۆكۈش قابىلىيىتى بولغان ئۇ مەخلۇقاتنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭغا بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇشىڭنىڭ ھېكمىتى نېمە يا رەب؟ ئۇلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەت ساڭا ئىبادەت قىلىش، ساڭا تەسبىھ ۋە ھەمد ئېيتىپ سېنى ئۇلۇغلاش بولسا، بىز ساڭا تەسبىھ ۋە ھەمدۇسانا ئېيتىپ سېنى ئۇلۇغلاۋاتىمىز يارەب! زېمىندا قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ تاپشۇرۇلىشىغا بىز لايىقدۇرمىز» دېدى. ئاللاھ ئۇلارغا: «ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىدا ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە تاپشۇرۇلىشىدا سىلەر بىلمىگەننى مەن بىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. «خەلىپە» - ئورۇنباسار، ئىزباسار، ئالدىنقىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرغۇچى، ھۆكۈمدار، دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە بار قىلىدىغان «خەلىپە» - ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلانغان، ئۆلۈش ۋە تۇغۇلۇش بىلەن بىر - بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان، كەشىپ، ئىجادىيەت ۋە ھۈنەر - سەنئەتتە تېخىمۇ ياخشىسىنى قىلىشتا بىر - بىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ تۇرىدىغان، بۇ ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرىدىغان ۋە مەدەنىيەت ئىجاد قىلىدىغان، نەتىجىدە ھەر بىرى بىردىن ئورۇنباسار بولىدىغان ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَلَّمَ آدَمَ الْأَسْمَاءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلَائِكَةِ فَقَالَ أَنْبِئُونِي بِأَسْمَاءِ هَٰؤُلَاءِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارىشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە بىلدۈردى، ئاندىن ئۇ شەيئىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «دېگەنلىرىڭلار راست بولسا بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى. ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قېنى، راستچىل بولساڭلار شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئادەمنى ياراتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىسىم ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئەگەر ‹زېمىندا خەلىپە قىلىنىشقا بىز تېخىمۇ لايىقدۇرمىز› دېگەن كۆزقارىشىڭلاردا ھەقلىق بولىدىغان بولساڭلار، قېنى شۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
پەرىشتىلەر: «سېنى پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
پەرىشتىلەر: «سەن ئۇلۇغدۇرسەن. بىزنىڭ، سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا ھېچ ئىلمىمىز يوق. شۈبھىسىزكى، سەن بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
پەرىشتىلەر ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ: «يا رەب! بىز سەن ئۆگەتكەندىن باشقا ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن ھەر نەرسىنى بىلىسەن، قىلغان ھەر ئىشىڭنى ھېكمەت بىلەن قىلىسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ يَا آدَمُ أَنْبِئْهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ ۖ فَلَمَّا أَنْبَأَهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ
ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ: «ئى ئادەم! بۇلارغا شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم پەرىشتىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە، مەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى بىلىمەن، مەن سىلەر ئاشكارا قىلغان نەرسىنى ۋە سىلەر يوشۇرۇن قىلغان نەرسىنى بىلىمەن دېمىگەنمىدىم؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇ ئەسنادا ئاللاھ ئادەمگە: «ئى ئادەم! شۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىم ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بۇ پەرىشتىلەرگە ئېيتىپ بەرگىن» دېدى، ئادەم پەرىشتىلەرگە ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسىم ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېيتىپ بېرىۋىدى، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە: «سىلەرگە، ‹مەن ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا سىلەر ئۈچۈن غەيب بولغان ھەر نەرسىنى، سىلەر ئاشكارا قىلغان ۋە يوشۇرغان نەرسىلەرنى (ئېيتقان سۆز ۋە ساقلىغان سىرلىرىڭلارنى) بىلىمەن› دېمىدىممۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كافىرلاردىن بولۇپ كەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مۇنۇ خەۋەرنىمۇ يەتكۈزگىن: بىز ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمگە بىردەك سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقُلْنَا يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
بىز ئادەمگە: «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز(ئادەمگە): «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرغىن! سىلەر جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىن يولىماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) ئۇۋالچىلىق تېپىۋالسىلەر» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز «ئى ئادەم! سەن جۈپتىڭ بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە يەرلەشكىن، ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار. شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر!» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئەھۋالدىن كېيىن بىز ئادەمگە: «ئى ئادەم! سەن ۋە ئايالىڭ - ئىككىڭلار جەننەتكە ئورۇنلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار، لېكىن شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار؛ مېۋىسىدىن يېگۈچى بولماڭلار. ناۋادا ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يەپ سالساڭلار ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغان بولىسىلەر ۋە جازالىنىسىلەر» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ
شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇرۇپ (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقارغۇزۋەتتى. بىز (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا): «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىسىلەر» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئۇ دەرەخ ئارقىلىق خاتالاشتۇرۇپ، تۇرۇۋاتقان ماقاملىرىدىن چىقىرىۋەتتى[16]. بىز ئۇلارغا: «چۈشۈڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار» دېدۇق[17]. — ئەنەس ئالىم
شەيتان ئۇ ئىككىيلەننىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ ئۇلارغا مەزكۇر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگۈزدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى؛ ئۇلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ جەننەتتىكى نېمەتلەردىن ئايرىلىپ قالدى ۋە ئىززەت - ھۆرمەتتىن مەھرۇم قالدى، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كېتىڭلار، ھازىردىن باشلاپ سىلەر بىر - بىرىڭلارغا دۈشمەن بولىسىلەر ، سىلەرگە زېمىندا ئورۇنلىشىدىغان جاي ۋە ئەجىلىڭلار توشقۇچىلىق تۇرمۇشۇڭلارغا لازىم بولىدىغان يېمەك، ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەر بار» دېدۇق. ئەسكەرتىش: شەيتان ئادەمگە ۋە ئۇنىڭ جۈپتىگە: «ئى ئادەم! ساڭا مېۋىسىدىن يېگەن كىشى ئۆلمەيدىغان ۋە مەڭگۈ پادىشاھ بولىدىغان دەرەخنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دەپ ئۇلارنى ئالدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَتَلَقَّىٰ آدَمُ مِنْ رَبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە كەلىمە تەلىم ئالدى (ۋە تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئەسنادا ئادەم رەببىدىن بىرقانچە سۆز ئېلىپ دەرھال تەۋبە قىلدى[18]، رەببى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئادەم ئايالى بىلەن چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ يېگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كايىدى، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىرقانچە سۆزنى ئىلھام قىلىپ ئۇنى تەۋبىگە مۇيەسسەر قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۇ كەلىمىلەرنى ئېيتىپ تەۋبە - ئىستىغپار قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْنَا اهْبِطُوا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنْ تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
(ئۇلارغا) «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر) كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز (ئۇلارغا) «ھەممىڭلار جەننەتتىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى كېلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارغا: «ئۇ يەردىن ھەممىڭلار چۈشۈپ كېتىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم
بىز ئادەمگە، ئۇنىڭ جۈپتىگە، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادىغا ۋە ئىبلىسكە: «ئۇ يەردىن ھەممىڭلار چۈشۈپ كېتىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن مەن سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە سىلەرنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان ئەمر - پەرمانلار، نەسىھەتلەر ئەۋەتىمەن. مەن ئەۋەتكەن ئەمر - پەرمانلارغا بويسۇنغان ۋە نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالغانلار كەلگۈسىدە قورقمايدۇ، ئۆتمۈشىگە قايغۇرمايدۇ، چۈنكى مەن ئۇلارغا ياخشى مۇكاپات بېرىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەقنى ئىنكار قىلغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كافىرلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر بولسا دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
مېنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىمغا بويسۇنمىغان ۋە نەسىھەتلىرىمگە قۇلاق سالمىغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قېلىپ ئازاب چېكىدۇ. خۇلاسە: ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن. مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» دېگەن، ئاندىن ئادەمنى يارىتىپ، ئىچىگە روھ پۈۋلىگەن چاغدا پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىبلىس سەجدە قىلمىغان. ئاللاھ تائالا ئىبلىستىن «سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دەپ سورىغاندا، ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ: «مەن ئادەمدىن ياخشى، مېنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشىم مۇۋاپىق بولمايدۇ» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئىبلىسنىڭ قىيامەتكىچە مۆھلەت تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. ئىبلىس ئادەمنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئەۋلادىنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئازدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ توغرا تاللىشى بىلەن ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشىغا لايىق بولغانلارنى ئازدۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئىبلىسنى قىيامەتكىچە لەنىتىگە مەھكۇم قىلغانلىقىنى ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى دوزاخقا تاشلاپ دوزاخنى ئۇلار بىلەن تولدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئۇنى ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەتكەن. ئادەمنى بولسا، ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا بىلەن جەننەتتە قېلىپ ياشاشقا بۇيرۇغان، جەننەتتە خالىغانچە يەپ - ئىچسە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېمەسلىكى لازىملىقىنى ئېيتقان، ئىبلىسنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنداقتىمۇ ئادەم ئىبلىسنىڭ ۋەسۋەسە قىلىشى ۋە ھەرخىل ئۇسۇل بىلەن كۈشكۈرتىشى نەتىجىسىدە مەزكۇر چەكلىمىنى ئۇنتۇپ، جۈپتى ھەۋۋا بىلەن ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاللاھ تائالادىن بىرقانچە سۆز تاپشۇرۇۋېلىپ ئەپۇ تىلىگەن، ئاللاھ ئادەمنى ئەپۇ قىلغان، لېكىن ئادەمنى ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ئۇ جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەن (چۈنكى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىش نېمەتتىن مەھرۇم قېلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ)، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشى ۋە قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلار ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن، ئورۇنلىشىدىغان قارارگاھ، تۇرمۇش لازىمەتلىكى ۋە قىيامەتكە قەدەر مەيدانغا كېلىدىغان ئەۋلادىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ھادىسىنى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە بايان قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان بىر نېمىتىنى ئەسلىتىدۇ، ئىبلىسنىڭ ئادەمگە ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ئەنە شۇنداق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىلدۈرىدۇ، ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَوْفُوا بِعَهْدِي أُوفِ بِعَهْدِكُمْ وَإِيَّايَ فَارْهَبُونِ
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن (ئىمان ئېيتىش ۋە تائەت ـ ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى) ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان (ساۋاب بېرىش ھەققىدىكى) ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ى ئسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، سىلەر مەندىنلا قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار. سىلەر ماڭا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بەرگەن ئەھدىمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار![19]. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ سىلەرگە ۋە ئەجدادىڭلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىمنى ياد ئېتىڭلار، ئۇ نېمەتلەرنى ئويلاڭلار ۋە ئۇلارنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلىڭلار، ماڭا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار مەن سىلەرگە بەرگەن ئەھدىمگە ۋاپا قىلىمەن، پەقەت مەندىن قورقۇڭلار؛ مېنىڭ جازالىشىمدىن قورقۇپ سۆزۈڭلاردا تۇرۇڭلار. «ئىسرائىل» دېگەن كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئىككى قېتىم مۇستەقىل ھالدا كېلىپ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ، «ئەۋلاد» مەنىسىدىكى «بەنىي - بني» كەلىمىسى بىلەن ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ 40 قېتىم ۋە ئەينى مەنىدىكى «بەنۇ- بنو» كەلىمىسى بىلەن ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ بىر قېتىم، جەمئىي 41 قېتىم كېلىدۇ، شۇنداقلا يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ بەنى ئىسرائىلغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرى - فىرئەۋننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇش، ئىچىدىن پەيغەمبەرلەر چىقىرىش، بۇلۇتنى سايە قىلىپ بېرىش، بۆدۈنە ۋە مەننە چۈشۈرۈپ بېرىش... قاتارلىق نېمەتلەردۇر. ئاللاھ تائالا، بەنى ئىسرائىلدىن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق «كىتابنى (تەۋراتنى) ئىنسانلارغا بايان قىلىش ۋە ئۇنى يوشۇرماسلىق، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش، زاكاتنى بېرىش، پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش ۋە ئۇلارنى قوللاش، ياخشى يوللارغا پۇل - مال سەرپ قىلىش» توغرىسىدا ئەھدە ئالغان. ئۇلارغا، ئەھدىگە رىئايە قىلغان تەقدىردە «نۇسرەت ئاتا قىلىش، گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىش ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرگۈزۈش» ئەھدىسىنى بەرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَآمِنُوا بِمَا أَنْزَلْتُ مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ وَلَا تَكُونُوا أَوَّلَ كَافِرٍ بِهِ ۖ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا وَإِيَّايَ فَاتَّقُونِ
مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
مەن نازىل قىلغان تەۋراتنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى قۇرئانغا ئىمان ئېيتىڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى (ئۆزگەرتىپ) ئازغىنا مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، مەن چەكلىگەن نەرسىلەردىن ساقلىنىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىڭلار، ئۇ سىلەردىكى كىتابنى تەستىقلىغۇچىدۇر. ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاۋۋىلى سىلەر بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقەتلەر سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردىمۇ بار. شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ ئىنكار قىلىشقا ئەمەس، ئىمان ئېيتىشقا ئالدىرىشىڭلار كېرەك. دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى دەپ، ئاخىرقى پەيغەمبىرىم مۇھەممەدنىڭ كىتابىڭلاردىكى دەلىللىرىنى يوشۇرماڭلار. ئايەتلەرنى يوشۇرۇش بەدىلىگە قانچىلىك مەنپەئەت ھاسىل قىلساڭلار قىلىڭلار، ئۇ مەنپەئەت ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىش بەدىلىگە ھاسىل قىلىدىغان مەنپەئەتىڭلارنىڭ يېنىدا ھېچ نەرسە ئەمەستۇر. مەيلى ئۆلىما ياكى باشلىق بولۇڭلار ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولۇڭلار، ھەممىڭلار مېنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىمغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇنىڭغا نازىل قىلىنىدىغانلىقى، ئەھلى كىتابنىڭ كىتابلىرىدا مەۋجۇت ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى دەسلىپىدە قوبۇل قىلىپ، قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈشى لازىم ئىدى، لېكىن ئۇلار باشتىلا ئىنكار قىلغان ۋە قەتئىي قارشى تۇرغان، شۇنداقلا ئۆز خەلقىنى ئىمان ئېيتىشتىن توسقان ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ھۆرمىتىنى سۇيىئىستېمال قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ ئايەتتە قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىشتىن توسىدۇ، ئايەتلەرنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز كىتابلىرىدىكى سۈپەتلىرىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى ئۆز خەلقىدىن) يوشۇرۇش بەدىلىگە جان بېقىشتىن توسىدۇ ۋە ئىتائەتسىزلىكتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى تەستىقلىشى، ئۇ كىتابلاردىكى تەۋھىد، پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش، ئەخلاق پىرىنسىپلىرى... قاتارلىق ئىلاھىي دىننىڭ ئاساسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَلْبِسُوا الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُوا الْحَقَّ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
ھەقنى باتىلغا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزەڭلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىگە) ئارىلاشتۇرماڭلار ، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار ، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرماڭلار ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرماڭلار، — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلار تەۋراتقا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ناسارالار تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئىشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇ كىتابلاردىكى دەلىللىرىنى يا باتىل بىلەن ئارىلاشتۇراتتى (مەسىلەن: مۇھەممەد پەيغەمبەردۇر، لېكىن ئەرەبلەرگە كەلگەن پەيغەمبەردۇر دەيتتى) ياكى تامامەن يوشۇراتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! «مۇھەممەد پەيغەمبەردۇر» دېگەن سۆز ھەق، لېكىن ئۇنىڭ ئەرەبلەرگىلا پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنلىكى باتىلدۇر. ئۇ ھەقنى بۇ باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرماڭلار. مۇھەممەد قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن سىلەرگىمۇ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. قولۇڭلاردىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا بۇ خۇسۇس بايان قىلىنغان. سىلەر تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا ئىشەنگەنلىكىڭلارنى دەۋا قىلىدىغان كىشىلەر تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئۇ كىتابلارنىڭ، مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلىرىگىمۇ ئىشەنمەيسىلەر؟ سىلەر ئۆز كىتابىڭلارنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ بۇ، ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرغانلىق بولمامدۇ؟ ئۇنداق قىلماڭلار! مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ
نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار(يەنى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇڭلار) — تەرجىمە ھەيئىتى
نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە رۇكۇ قىلىڭلار. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا ئۇلارنى ئىمان كەلتۈرۈشكە، ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرماسلىققا ۋە ھەقنى يوشۇرماسلىققا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئۇلارنى ئەمەل - ئىبادەتكە بۇيرۇيدۇ. بۇ ئايەتتە ناماز ۋە زاكاتنى ئىپادىلەيدىغان كەلىمىلەر ئېنىق ئىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە كۆرسىتىلگەن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار بىلەن ئۆتەۋاتقان نامازنى، ئۇلار بېرىۋاتقان زاكاتنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ داۋامىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ: «رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن رۇكۇ قىلىڭلار»، يەنى مۇھەممەد بىلەن بىللە ناماز ئۆتەۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ، ئۇلار ئۆتەۋاتقان نامازنى ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتەڭلار دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَتَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبِرِّ وَتَنْسَوْنَ أَنْفُسَكُمْ وَأَنْتُمْ تَتْلُونَ الْكِتَابَ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ياخشى ئىشقا كىشىلەرنى بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئوقۇپ تۇرىسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلارنى ياخشى بولۇشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر كىتابنى ئوقۇيسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بولۇپمۇ ئى يەھۇدىي موللىلار! سىلەر باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ نېمىشقا ئۇ ياخشىلىقنى ئۆزۈڭلار قىلمايسىلەر؟! ھالبۇكى، سىلەر تەۋراتنى ئوقۇيسىلەر، تەۋراتتا سۆزى بىلەن ئەمىلى زىت بولغانلار ئەيىبلىنىدۇ، تەۋراتتا مۇھەممەدنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش لازىملىقى بايان قىلىنىدۇ، سىلەر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا مۇھەممەدكە ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ نېمىشقا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەيسىلەر؟! «ياخشىلىق»لار مۇشۇ سۈرە (بەقەرە)نىڭ 177 - ئايىتىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ موللىلىرى باشقىلارنى بەزى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، ئۇ ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلمايتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى الْخَاشِعِينَ
سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلار (كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار) دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ
سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (ئاللاھتىن) ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز ھەقىقەتەن ئېغىر ۋەزىپىدۇر. لېكىن ئۇ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! تائەت - ئىبادەت قىلىشقا ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن ساقلىنىشقا ئۆزۈڭلارنى زورلاش، بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش ئارقىلىق نەپسىڭلارنى يېڭىش ئۈچۈن ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بەنى ئىسرائىلنى بەزى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، بەزى ئىشلاردىن توسىدۇ. ئۇلار بۇ ئەمر - پەرمانلارغا بويسۇنماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇلارغا كونا ئادەتلىرىنى تاشلاپ بۇ يېڭى يولغا كىرىش ئېغىر كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا ئۆزىنى زورلاش ۋە يۇقىرىدا ئەمر قىلىنغان نامازنى داۋاملىق ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇغان، چۈنكى لايىق رەۋىشتىكى سەۋر - تاقەت روھنى چېنىقتۇرۇپ ھەقكە كۆندۈرىدۇ، تەلەپكە لايىق ئۆتەلگەن ناماز روھنى تەربىيەلەپ يامان ئىشلاردىن نەپرەت قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئاسانلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُمْ مُلَاقُو رَبِّهِمْ وَأَنَّهُمْ إِلَيْهِ رَاجِعُونَ
ئاللاھتىن قورققۇچىلار پەرۋەردىگارىغا چوقۇم مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن قورققۇچىلار پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ بارىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، بىز رەببىمىزگە مۇلاقات بولىمىز ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمىز دەپ ئويلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
نامازنى ئۆتەش ئېغىر كەلمەيدىغانلار، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىشكە ئىشىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇنداق مۇئمىنلار نامىزىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ ۋە ناماز ئۇلارغا پايدا قىلىدۇ. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆتەلمىگەن ناماز شەكىلۋازلىق ۋە دورامچۇقلۇق بولۇپ، ئۇ مۇناپىقلارنىڭ نامىزىدۇر. بۇنداق نامازنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّي فَضَّلْتُكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! (بىر زامانلاردا) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ۋە ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالانىڭ بەنى ئىسرائىلغا ئاتا قىلغان بەزى نېمەتلىرى 40 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئايەتتە ئۇلار ئۇ نېمەتلەرنى ياد ئېتىشكە قايتا بۇيرۇلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىچىدىن بەزىلەرنىڭ پەيغەمبەر قىلىنىشى، بەزىلەرنىڭ پادىشاھ قىلىنىشى ۋە بەزىلەرنىڭ ھەم پەيغەمبەر ھەم پادىشاھ قىلىنىشى بىلەن زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلىنغانلىقىنى ياد ئېتىشكە ئالاھىدە بۇيرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَاعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىديە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (يەنى كافىرلار) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن شاپائەت[20] قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە[21] ئېلىنمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بەندىلەر ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغان كۈن قىيامەت كۈنى بولۇپ، ئۇ كۈندە ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھ يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ، ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، ھېچكىم ھېچكىمگە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ ۋە ھېچ ئىشىغا ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ھال - ئەھۋال سورىمايدۇ، چۈنكى ئۇ كۈنى ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. «شافائەت - شفاعة» - جۈپ نەرسە ۋە جۈپ ھالەتكە كەلتۈرمەك دېگەن مەنىدىكى «شەفئى - شفع» كەلىمىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بىراۋنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن گەپ قىلىش، ۋاسىتە بولۇش، ياخشى تىلەكتە بولۇش، يېنىغا بېرىپ يار - يۆلەك بولۇش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. 4 - سۈرە (نىسا)نىڭ 85 - ئايىتىدىكى «شافائەت - شفاعة» مانا بۇ مەنىلەردە كەلگەن. مۇشرىكلار شافائەتنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزۇش دېگەن مەنىدە چۈشىنەتتى ۋە شۇنداق ئېتىقاد قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ مەنىدىكى شافائەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، باشقا ھېچكىمنىڭ بۇنداق شافائەتكە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىرقانچە ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، لېكىن بىرقانچە ئايەتتە ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرگە ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرنىڭ، ئۆزى رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن شافائەت قىلالايدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، ئازابىدىن ۋە جازاسىدىن قۇتقۇزۇش مەنىسىدە شافائەت يوق. ئەمما ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەر ئاللاھ رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن ئۆزئارا شافائەت قىلىشالايدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ بىر - بىرى ھەققىدە دۇئا قىلىشلىرىغا رۇخسەت بەرگەن، پەرىشتىلەرگىمۇ مۇئمىنلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ھەققىدە دۇئا قىلىشلىرىغا رۇخسەت بەرگەن. ئاللاھ تائالا ئەگەر مەغپىرەت قىلىنىشى تىلەنگەن تەرەپتىن رازى بولغان بولسا بۇ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدۇ. 2) ئاللاھ تائالا جەننەتكە ئۆز ئىمانى ۋە ئەمىلى بىلەن كىرىپ بولغان، لېكىن تۆۋەن مەرتىۋىلەردە قالغانلارنى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ تىلىكى بىلەن بۇلارنىڭ يېنىغا يۆتكەپ قويىدۇ. «فىديە» - تۆلەم دېگەن بولۇپ، «تۆلەم ئېلىنمايدۇ» ئىپادىسى، دوزاخقا كىرىشكە مەھكۇم بولغانلاردىن، دوزاخقا تاشلىنىپ ئازاب چېكىشنىڭ ئورنىغا تۆلەم، جەرىمانە ۋە باشقا ھېچقانداق نەرسە ئېلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.، چۈنكى قىيامەت كۈنى ھېچكىمنىڭ ياردەم قىلغۇچىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ نَجَّيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (پايدىلىنىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزغان ئىدۇق. بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا سېلىپ قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرەتتى، قىزلىرىڭلارنى چوڭ بولغاندا خىزمىتىگە سېلىش ئۈچۈن تىرىك قالدۇراتتى. بۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق بار ئىدى. بەنى ئىسرائىل ئۇزۇن يىللاردىن بېرى فىرئەۋننىڭ ئاسارىتىدە ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا ئازادلىق نېمىتىنى ئاتا قىلغان. بۇ ئايەتتە ئۇلارنى بۇ نېمەتنى ياد ئېتىشكە، شۇنداقلا ئۇ نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ الْبَحْرَ فَأَنْجَيْنَاكُمْ وَأَغْرَقْنَا آلَ فِرْعَوْنَ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ (يول ئېچىپ) سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلغان ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۈچۈن دېڭىزنى يېرىپ، سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە كۆز ئالدىڭلاردا فىرئەۋن خانىدانىنى غەرق قىلىۋەتكەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان، جۈملىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىلنى ئۆزى بىلەن بىرلىكتە كەتكىلى قويۇش ھەققىدىكى تەلىپىنىمۇ رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىلنى كېچىدە ئېلىپ مېڭىشى توغرۇلۇق ۋەھىي نازىل قىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىققان. بۇ ئەھۋالنى ئاڭلىغان فىرئەۋن دەرغەزەپ بولۇپ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن ۋە ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى: «ئەمدى تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دېگەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام: «ياق، رەببىم ماڭا چىقىش يولى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. بۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇشى بىلەن دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ، ھەر بىرى چوڭ تاغدەك بولۇپ تىكلەنگەن ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يول ئېچىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى باشلاپ ئۇ يولغا كىرگەن، فىرئەۋنمۇ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىرگەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمى بىلەن دېڭىزدىن چىقىپ بولغان ۋاقىتتا، فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن دېڭىزغا كىرىپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ ئىككى تاغدەك تۇرۇۋاتقان دەھشەتلىك ئىككى دولقۇن بىرلەشكەن، نەتىجىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمى بىلەن قۇتۇلغان، فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن دېڭىزدا غەرق بولغان. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنىڭ ئۆتۈشۈڭلار ئۈچۈن دېڭىزنى يېرىپ ئىككىگە ئايرىدۇق، ئاندىن دېڭىزدا ئېچىلغان يولدىن سىلەرنى قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزدۇق، فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ئۇ يولغا كىرگۈزۈپ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلىۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ وَاعَدْنَا مُوسَىٰ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ
ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى) ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇساغا قېرىق كېچە (كۈتكەندىن كېيىن تەۋراتنى نازىل قىلىش)نى ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىلەر كۇفرلىق قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالغان ئىدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇسا بىلەن قىرىق كېچىنى ۋەدىلەشكەن ئىدۇق. سىلەر ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم
مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمى بىلەن بىرلىكتە دېڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇنى سۆزلىشىش ۋە كىتاب بېرىش ئۈچۈن مۇئەييەن بىر جايغا (تۇر تېغىغا) كېلىپ 40 كېچە - كۈندۈز تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇ جايغا ۋاقتىدا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالاغا ۋەدە بەرگەن، ئاندىن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئورنىغا قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى قويۇپ، قەۋمىگە 40 كېچە - كۈندۈزدىن كېيىن قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇر تېغىغا كەتكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىدا 40 كېچە - كۈندۈز تۇرغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تەۋراتنىڭ ئايەتلىرى يېزىلغان تاختىلارنى بەرگەن. بۇ 40 كېچە - كۈندۈزلۈك ۋاقىت ئىچىدە بەنى ئىسرائىل ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالماي موزاي ھەيكىلىگە چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ ۋەقەنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنىڭ رەببىڭلار - ئاللاھ، مۇسا بىلەن ئايرىم گەپلىشىش ۋە ئۇنىڭغا كىتاب بېرىش ئۈچۈن، مۇسانى تۇر تېغىغا كېلىپ 40 كېچە - كۈندۈز تۇرۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان، مۇسا بۇ ھەقتە ئاللاھقا ۋەدە بەرگەن. مۇسا بۇ ۋەدىسى بويىچە تۇر تېغىغا 40 كۈنلۈك كەتكەندىن كېيىن سىلەر سامىرىي دېگەن ئادەم ياسىغان موزاي ھەيكىلىگە چوقۇنۇپ ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار؛ سىلەرگە شۇنچە نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىگەڭلار - ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا لايىق قىلدىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ عَفَوْنَا عَنْكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
شۇنىڭدىن كېيىن، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدىن كېيىن، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، بىز سىلەرنى ئەپۇ قىلغان ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن كېيىن بىز سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئەپۇ قىلغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئاندىن سىلەر مۇئەييەن شەكىلدە تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، بىز سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق ۋە سىلەردىن جازانى كۆتۈرۈۋەتتۇق. بىز سىلەرنىڭ بۇ ياخشىلىقىمىزغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق، جازالىمىدۇق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، تارىختا ئۆتكەن پۈتۈن بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە، ئۇلارنى بىر شەخس ئورنىدا قويۇپ خىتاب قىلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغان بەنى ئىسرائىلغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغان بەنى ئىسرائىلغا ئەسلىتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان خاتالىقىنى بۇلارنىڭ يۈزىگە سالىدۇ. مەسىلەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىلغا، «سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزدۇق، سىلەر ئۈچۈن دېڭىزنى ياردۇق، فىرئەۋننى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلىۋەتتۇق، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق...» دېگەن مەنىدىكى خىتابلارنى قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىلغا، «موزايغا چوقۇندۇڭلار، زالىم بولدۇڭلار، ئادەم ئۆلتۈردۈڭلار، پەيغەمبەرلەرنى نېمىشقا ئۆلتۈرەتتىڭلار؟ مۇساغا مۇنداق دېدىڭلار» دېگەن مەنىدىكى تەنقىدلەرنى قىلىدۇ. جۈملىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىغا 40 كۈنلۈك كەتكەندە شۇ چاغدىكى بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى موزايغا چوقۇنمىغان، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى چوقۇنغان. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيادىكى قانۇنى، بىر قەۋمنىڭ زالىملىرىنى شۇ قەۋم بىلەن بىرلىكتە جازالاش تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى جازالىماستىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق تەۋبىگە دەۋەت قىلغان. بۇ تەۋبە پۈتۈن بىر قەۋمنىڭ تەۋبىسى بولغانلىقى ئۈچۈن گۇناھسىزلار گۇناھكارلارنى ئۆلتۈرۈش شەكلىدە ئىدى. بۇ سەۋەبتىن موزايغا چوقۇنمىغانلار موزايغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق تەۋبە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى بىر پۈتۈن قەۋم ھالىتىدە ئەپۇ قىلغان. بۇ ياخشىلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىلغا ئەسلىتىپ، ئۇلارنى شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَالْفُرْقَانَ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن، دەپ مۇساغا ھەقنى، كىتابنى ۋە فۇرقاننى بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتاب (يەنى تەۋرات) نى بەرگەن ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى ۋە فۇرقاننى[22] بەرگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! بىز سىلەرنى توغرا يولدا ماڭسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى ۋە فۇرقاننى بەردۇق. «فۇرقان» كەلىمىسى ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى دېگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان پۈتكۈل كىتابلار «فۇرقان» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئايەتتە «كىتاب» ۋە «فۇرقان» بىرلىكتە كېلىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا «كىتاب»نىڭ بېرىلگەنلىكى، «فۇرقان»نىڭ بېرىلگەنلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. دېمەككى، «فۇرقان» مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ كىتاب بۇ ئايەتتە ئۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ئالاھىدىلىكتە بىر كىتابنىڭ بېرىلىشى، بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنغان بىر نېمەت ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنَّكُمْ ظَلَمْتُمْ أَنْفُسَكُمْ بِاتِّخَاذِكُمُ الْعِجْلَ فَتُوبُوا إِلَىٰ بَارِئِكُمْ فَاقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ عِنْدَ بَارِئِكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۚ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن» دېدى. مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىۋېلىپ، ھەقىقەتەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلىرىڭلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، بۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېگەن ئىدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزايغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار. دەرھال ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. بۇ ياراتقۇچىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ تەۋبەڭلەرنى چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە پەيغەمبىرىڭلار مۇسا: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزايغا چوقۇنۇپ ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، شۇڭلاشقا ئۆزۈڭلارنى يوقتىن ياراتقان ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۆزۈڭلارنى يەنى بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق تەۋبە قىلىشىڭلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر بۇ شەكىلدە تەۋبە قىلدىڭلار ۋە ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، چۈنكى ئاللاھ سەمىمىي تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ۋە تەۋبە قىلغۇچىلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى «موزايغا چوقۇنمىغانلار موزايغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن» دېگەن بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە «بىر - بىرىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە لۇغەتتە «ئۆزۈڭلار» دېگەن مەنىدىكى «ئەنفۇس - أنفس»دۇر. ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە بەنى ئىسرائىلنى بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋە بىر - بىرىنى يۇرتىدىن چىقىرىۋېتىشتىن، يۇقىرىدىكى جۈملىنىڭ بولۇشسىز شەكلى بىلەن توسىدۇ. بۇ ئايەتتە تەۋبە قىلىش ئۈچۈن بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بولۇشلۇق جۈملە بىلەن بۇيرۇيدۇ. ئىككى جۈملىدە «بىر - بىرىڭلارنى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «سىلەر، ئۆزۈڭلار» مەنىسىدىكى «كۇم، ئەنفۇس» كەلىمىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ئوخشاش بىر كەلىمىنىڭ مەنىسىمۇ ئوخشاش بىر بولۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە: ﴿وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَاءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنفُسَكُم مِّن دِيَارِكُمْ ٨٤﴾ «بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن: ‹بىر - بىرىڭلارنىڭ قانلىرىنى تۆكمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەيسىلەر‹ دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق». ﴿ثُمَّ أَنتُمْ هَؤُلَاءِ تَقْتُلُونَ أَنفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِّنكُم مِّن دِيَارِهِمْ تَظَاهَرُونَ عَلَيْهِم بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَإِن يَأْتُوكُمْ أُسَارَى تُفَادُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ٨٥﴾ «ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر، ئىچىڭلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋاتىسىلەر، ئۇلارغا قىلىنغان يامانلىق ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملىشىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ يېنىڭلارغا كەلسە، فىدىيەلىرىنى بېرىپ قۇتقۇزىۋاتىسىلەر. ئەسلىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى». باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَلْمِزُوا أَنفُسَكُمْ﴾ «بىر - بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار». بۇ ئايەتتىكى «بىر - بىرىڭلارنى» دېگەن مەنىدىكى كەلىمىمۇ 54 - ئايەتتىكى «بىر - بىرىڭلارنى» دېگەن مەنىدىكى كەلىمىنىڭ ئۆز ئەينى بولغان «ئەنفۇس - أنفس»تۇر. «نەفس - نفس» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە «ئىنساننىڭ يامانلىققا مايىل خۇسۇسىيىتى» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ. بۇ مەنىدىكى «نەفس»نىڭ ئارزۇسى «ھەۋا - هوى» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە مەزكۇر خۇسۇسىيەتنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئەمر قىلىنمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىش چەكلىنىدۇ، ئەگەشكەنلەر ئەيىبلىنىدۇ، ئەگەشمىگەنلەرگە جەننەت ۋەدە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىنساننىڭ ئۇ خۇسۇسىيىتى ئۆلتۈرۈۋېتىلسە، ئىنسان ئىنسان بولۇشتىن چىقىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئەقىل، دىل ۋە ئۇ خۇسۇسىيەت بىلەن ياراتقان، يېنىدا ياخشىلىقنى ئىلھام قىلىدىغان بىر پەرىشتە ۋە يامانلىقنى ۋەسۋەسە قىلىدىغان بىر شەيتان قويغان. ئۇ خۇسۇسىيەت (نەفس) بىلەن شەيتان يامانلىققا ئۈندەيدۇ، ئەقىل ياخشىلىققا دەۋەت قىلىدۇ. دىل نەفس بىلەن شەيتانغا ياكى ئەقىل بىلەن پەرىشتىگە بويسۇنۇپ قارار چىقىرىدۇ، پۇت - قول ۋە باشقا ئەزالار ئۇ قارارنى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىجرا قىلىدۇ. ناۋادا ئىنسان مەزكۇر خۇسۇسىيىتىنى (نەفسىنى) ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىبادىتى ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىلاھىي سىناقنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. ئىنسان ئاخىرقى تىنىقىغا قەدەر ئىلاھىي سىناق ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سىناقتىن لايىق رەۋىشتە ئۆتۈشى ئۈچۈن، ئەقىل بىلەن پەرىشتىنىڭ ياخشىلىققا، نەفس بىلەن شەيتاننىڭ يامانلىققا دەۋەت قىلىپ تۇرۇشى، دىل ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن پەرىشتە ۋە ئەقىلنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىشى، شۇنداقلا ئۇنى پۇت - قول ۋە باشقا ئەزالارغا ئىجرا قىلدۇرۇشى لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسان ئۇ خۇسۇسىيىتىنى (نەفسىنى) ئۆلتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئۆلتۈرىمەن دېسە (ئېسىلىپ، زەھەر ئېچىپ... دېگەندەك) بىر شەكىلدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ھاياتىغا خاتىمە بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتىن توسىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَىٰ لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْكُمُ الصَّاعِقَةُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار ـ دە، (سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردا سىلەرنى چاقماق سوقتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر: «ئى مۇسا! بىزئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېگەن ئىدىڭلار، سىلەر قاراپ تۇرغاندا سىلەرنى چاقماق سوقتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېگەن ئىدىڭلار، سىلەرنى دەرھال شىددەتلىك گۈلدۈرماما باسقان ئىدى. سىلەر قاراپ تۇراتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم
(55-56) ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەر ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىڭلار مۇساغا: «بىز ئاللاھنى ئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ئەسلا ئىشەنمەيمىز» دېگەن چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنى ياد ئېتىڭلار، سىلەر شۇ ناشايان تەلەپنى قويغان ھامان سىلەرنى گۈلدۈرماما باسقان ئىدى، سىلەر ئۇ گۈلدۈرمامانىڭ چۈشكەنكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىڭلار. سىلەر ئۇ گۈلدۈرمامانىڭ دەھشىتى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن، بىز سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ قايتا تىرىلدۈردۇق. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتلەردە بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئېغىر تەلەپ قويغانلىقى، ئۇلارغا بۇ تەلىپى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ دەرھال ئىجرا قىلىنغانلىقى، كېيىن شۈكۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بۇ تەلەپنى قويغانلار ھەققىدە تەپسىرلەردە تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: 1) مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىدا ئاللاھتىن تەۋراتنى ئېلىپ قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتقان، بۇ ئەسنادا قەۋمىنىڭ بىر قىسمى موزايغا چوقۇنۇۋاتقان ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇلار بىر - بىرىنى (يەنى موزايغا چوقۇنمىغانلار موزايغا چوقۇنغانلارنى) ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، قەۋم سۈپىتىدە تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئېلىپ ئاللاھ تائالاغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەلگەن. تۇر تېغىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا بىلەن سۆزلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 70 كىشى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يۇقىرىدىكى ناشايان تەلەپنى قويغان. بۇ چاغدا بىر گۈلدۈرماما كېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلتىجاسى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تىرىلدۈرگەن. 2) مۇسا ئەلەيھىسسالام بىرىنچى قېتىم تۇر تېغىغا كېتىپ، 40 كۈندىن كېيىن تەۋراتنىڭ ئايەتلىرى يېزىلغان تاختىلارنى ئېلىپ كەلگەندە قەۋمى ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكى (بىز ئاللاھنى ئاشكارا كۆرمىگۈچە ساڭا ئىشەنمەيمىز دېگەن) ناشايان تەلەپنى قويغان. شۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرماما كېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلتىجاسى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تىرىلدۈرگەن. بىزنىڭچە بۇ ئىككى كۆزقاراشنىڭ ئىككىنچىسى كۈچلۈكتۇر، چۈنكى بۇ سۈرىنىڭ 63 - ۋە 64 - ئايەتلىرى بۇنى تەكىتلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر يەتمىش كىشىنى گۈلدۈرماما ئەمەس قاتتىق زىلزىلە باسقان ۋە ئۇلار ئۆلمىگەن. بۇ ناشايان تەلەپنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇلاردىن كىم قويسا قويسۇن، نەتىجىدە بەنى ئىسرائىل قەۋمى قويغان ۋە ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالاندۇرۇلغان، كېيىن يەنە ئەپۇ قىلىنغان ۋە تىرىلدۈرۈلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ۋەقەنى ۋە بۇ نېمەتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىلغا ئەسلىتىپ تۇرۇپ (چۈنكى ئەجدادقا قىلىنغان ياخشىلىق ئەۋلادغىمۇ قىلىنغان ياخشىلىقتۇر)، ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ بَعَثْنَاكُمْ مِنْ بَعْدِ مَوْتِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن كېيىن سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلدۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر بىر مۇددەت ئۆلۈك ھالەتتە قالغاندىن كېيىن بىز سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ قايتا تىرىلدۈردۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَظَلَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۖ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (بىز سىلەرگە) «رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ ـ ئىچىڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
بىز سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بېرىپ: «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار (تۇزكورلۇق قىلىپ) بىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆزىگىلا زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇلۇتنى ئۈستۈڭلارغا سايىۋەن قىلدۇق، سىلەرگە تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بەردۇق: «بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ياد ئېتىڭلاركى: بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە مەننە بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بەردۇق، سىلەرگە: «بىز ئاتا قىلغان پاك رىزىقلاردىن يەڭلار، شۈكۈر قىلىڭلار، بىزگە ئاسىيلىق قىلماڭلار» دېدۇق، سىلەر بۇيرۇقلىرىمىزغا بويۇنتاۋلىق قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار. «مەننە- المنّ » - ياخشىلىق قىلماق، نېمەت بەرمەك ۋە مىننەت قىلماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «مەنن - مَنّ» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، بۇ ئايەتتە ۋە باشقا ئىككى ئايەتتە بەنى ئىسرائىلغا چۆلدە بېرىلگەن تائامنىڭ بىر تۈرىنىڭ ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ. بۇ كەلىمە (مەننە - المنّ) يۇنانچىگە، لاتىنچىگە ۋە غەرب تىللىرىغا «مان، ماننا، ماننە» شەكلىدە كىرگەن بولۇپ، ئىبرانىيچە ۋە ئارامىيچىدە «مآن» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بەنى ئىسرائىل مىسىردىن چىقىپ سىينا چۆلىگە كەلگەندە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مىسىردىكى گۆش ۋە ناندىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئېيتىپ شىكايەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاسماندىن نان ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەتىگىنى نان، كەچقۇرۇنى گۆش يەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى كۈندىلىك ناننى يىغىۋېلىشى لازىملىقىنى، شەنبە كۈنى نان ياغمايدىغانلىقى ئۈچۈن جۈمە كۈنى شەنبە كۈنىنىڭ نېنىنىمۇ يىغىۋېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەچقۇرۇنى سان - ساناقسىز بۆدۈنە ئۇچۇپ كېلىپ، پۈتۈن قارارگاھنى قاپلايدۇ، ئەتىسى سەھەردە قارارگاھنىڭ ئەتراپىغا شەبنەم چۈشىدۇ ۋە يەر يۈزىدە قىرودەك كىچىك ۋە يۇمىلاق نەرسىلەر كۆرۈنىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ نەرسىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان نان ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ۋە: «ئادەم بېشىغا بىر كەمچەن يىغىڭلار، يىغقانلىرىڭلارنى شۇ كۈنى يەپ تۈگىتىڭلار، ئەتىگە ئاشۇرۇپ قويماڭلار. ئاشۇرۇپ قويساڭلار ئەتىسى ئەتىگەن قۇرتلاپ سېسىپ كېتىدۇ» دەپ ئۇقتۇرىدۇ. بەنى ئىسرائىل ئۇ نەرسىلەرنى «مەننە - المنّ» دەپ ئاتايدۇ. بۇ «مەننە» ھەر كېچە شەبنەمدەك سىينا يېرىم ئارىلىدا پەقەت بەنى ئىسرائىل تۇرۇۋاتقان يەرلەرگىلا ياغىدۇ. قىرودەك كىچىك ۋە يۇمىلاق بولغان «مەننە»نىڭ رەڭگى ئاشكۆكىنىڭ (يۇمغاقسۈتنىڭ) ئۇرۇقىغا ۋە ئاق كەھرىۋاغا ئوخشايدۇ، تەمى ھەسەل قوشۇلغان ناننىڭ تەمىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى ھەم ئۆز پېتى يېگىلى بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ئېتىپ يېگىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنى يىغىپ، بەزىدە يارغۇنچاقتا تارتىپ (ئېزىپ)، بەزىدە ھاۋانچىدا سوقۇپ، بەزىدە قازاندا پىشۇرۇپ نان قىلىپ يەيدۇ ۋە بۇ چاغدا تەمى زەيتۇن مايلىق توقاچلارنىڭ تەمىدەك بولىدۇ. بەنى ئىسرائىل چۆلدە قالغان 40 يىل مابەينىدە ئەنە شۇ «مەننە» بىلەن بۆدۈنە گۆشى يەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قُلْنَا ادْخُلُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ فَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا حِطَّةٌ نَغْفِرْ لَكُمْ خَطَايَاكُمْ ۚ وَسَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ۋە: (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، ئۇنىڭ دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (ئى رەببىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېگەن ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا بىز: «شۇ يۇرتقا كىرىڭلار، ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار، دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار، گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىمىز. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! شۇنىمۇ ياد ئېتىڭلاركى: بىز ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىڭلار مۇسا ئارقىلىق: «شۇ يۇرتقا كىرىڭلار، ئۇ يۇرتنىڭ نازۇنېمەتلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، ئۇ يۇرتنىڭ ئىشىكىدىن بىزگە ئېھتىرام قىلىپ ئىچكىرىسىگە كىرىڭلار ۋە: ‹بىزنىڭ تىلىكىمىز گۇناھلىرىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىدۇر› دەڭلار، يەنى ئۇ يۇرتقا دىلىڭلاردا ۋە ۋۇجۇدۇڭلاردا بىزدىن ئەيمىنىش، تىلىڭلاردا تەۋبە - ئىستىغپار بولغان ھالدا كىرىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار بىز سىلەرنىڭ خاتالىقىڭلارنى كەچۈرىمىز، ئىچىڭلاردىن ئىخلاسمەن بولغانلارغا گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىشتىن باشقىمۇ ئىنئام ئاتا قىلىمىز» دېگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَنْزَلْنَا عَلَى الَّذِينَ ظَلَمُوا رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن زالىملار ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ زالىملارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار يولدىن چىققان ئىدى[23]. — ئەنەس ئالىم
ئىچىڭلاردىن ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلار ھەددىدىن ئېشىپ: ئۇ بۇيرۇقلىرىمىزنى مەسخىرە قىلدى؛ بۇيرۇقلىرىمىزغا بويسۇنمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ زالىملارغا توغرا يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذِ اسْتَسْقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ فَقُلْنَا اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْفَجَرَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۖ كُلُوا وَاشْرَبُوا مِنْ رِزْقِ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم (يەنى ھەر بىر قەبىلە) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق) — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمى ئۈچۈن سۇ ئىزدىگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭغا «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن!» دېگەن ئىدۇق. مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇردى - دە، تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. بىز ئۇلارغا: «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار!» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! شۇنىمۇ ياد ئېتىڭلاركى: سىلەر چۆلدە ئۇسساپ كەتكەن چېغىڭلاردا پەيغەمبىرىڭلار مۇسا سىلەر ئۈچۈن بىزدىن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا چۆلنىڭ تاشلىرىدىن بىر تاشنى كۆرسىتىپ ھاساڭ بىلەن شۇ تاشنى ئۇرغىن» دېگەن ئىدۇق، مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرغان ئىدى، بىز سىلەرنى سۇ تالىشىپ ئۆزئارا جېدەللەشمىسۇن دەپ تاشتىن 12 بۇلاق چىقىرىپ بەردۇق، سىلەر ئۇ چاغدا 12 قەبىلە بولۇپ، ھەر قەبىلىگە بىردىن بۇلاق تەقسىم بولدى، ھەر قەبىلە ئۆز بۇلىقىنى تونۇدى ۋە ئۇنىڭدىن سۇ ئالدى، بىز سىلەرگە: «مەننە بىلەن بۆدۈنىدىن يەڭلار ۋە تاشتىن ئېتىلىپ چىققان سۇدىن ئىچىڭلار، ئىسراپچىلىق قىلماڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلماڭلار، بولمىسا ھەددىڭلاردىن ئاشقان بولىسىلەر، شۇنداقلا جازاغا لايىق بولىسىلەر» دېدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَىٰ لَنْ نَصْبِرَ عَلَىٰ طَعَامٍ وَاحِدٍ فَادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُخْرِجْ لَنَا مِمَّا تُنْبِتُ الْأَرْضُ مِنْ بَقْلِهَا وَقِثَّائِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَا ۖ قَالَ أَتَسْتَبْدِلُونَ الَّذِي هُوَ أَدْنَىٰ بِالَّذِي هُوَ خَيْرٌ ۚ اهْبِطُوا مِصْرًا فَإِنَّ لَكُمْ مَا سَأَلْتُمْ ۗ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ وَالْمَسْكَنَةُ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل يېمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ (يەنى پىياز، سامساق، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلەر؟) بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىۋىل ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىللا يېمەكلىك بىلەن ھەرگىز تۇرالمايمىز، سەن بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) ھەقىقەتەن تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى، بۇ يەنە ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: «ياخشى نەرسىلەرنى ناچار نەرسىلەرگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە چۈشۈڭلار، سورىغىنىڭلارنى شۇ يەردە تاپىسىلەر!» دېگەن ئىدى. ئۇلار خارلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئاستىدا قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! شۇنىمۇ ياد ئېتىڭلاركى: سىلەر ئۆز ۋاقتىدا بىز ئاتا قىلغان تەييار تائام - مەننە بىلەن بۆدۈنىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھەددىڭلاردىن ئېشىپ پەيغەمبىرىڭلار مۇساغا: «ئى مۇسا! بىز بۇ بىر تۈرلۈك تائامنى داۋاملىق يېيىشكە سەۋر قىلالمايمىز، شۇڭلاشقا رەببىڭدىن تىلىگىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان كۆكتات، تەرخەمەك، يېسسىمۇق (مەرجىمەك)، سامساق ۋە پىياز قاتارلىقلارنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار. مۇسا بۇ تەلىپىڭلاردىن ھەيران بولۇپ، سىلەرنى ئەيىبلەپ: «سىلەر ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەڭ ياخشى ۋە ئېسىل تائامدىن بۇ ئاددىي نەرسىلەرنى ئۈستۈن كۆرەمسىلەر؟ مەننە بىلەن بۆدۈنىنى بۇ نەرسىلەرگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ ئەگەر مەقسىتىڭلار ئۇ نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بولىدىغان بولسا، بىرەر شەھەرگە چۈشۈپ ئۇنىڭ ئوتياش ۋە ئاشلىق بازارلىرىدىن ئۇلارنى ئېلىڭلار» دېگەن ئىدى. ئۇلار ئەنە شۇ تەرسالىق ۋە تۇزكورلۇقى تۈپەيلىدىن خورلۇق، يوقسۇزلۇققا مەھكۇم قىلىندى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش گۇناھىغا ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە بېرىلگەن ئىلاھىي جازا ئىدى، ئۇلارنى بۇ گۇناھ ۋە جىنايەتكە ئۆزلىرىنىڭ گەدەنكەشلىكى ۋە ھەددىدىن ئېشىشلىرى ئېلىپ بارغان ئىدى. «بىر خىل تائام» 57 - ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن «مەننە» بىلەن «بۆدۈنە»دىن تەركىب تاپقان تائامدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى نەرسىنى «بىر تۈرلۈك تائام» دېيىشى ھەر كۈنى بۇ بىر خىل تاماقنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. ئۇلار سىينا چۆلىدە تېڭىرقاپ يۈرۈۋاتقان ئەسنادا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا: «شەھەرلەردىن بىرەر شەھەرگە كىرىپ تەلەپ قىلغان نەرسىلىرىڭلارنى شۇ يەرنىڭ ئېتىزلىق ۋە بازالىرىدىن تاپساڭلار بولىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزى، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۆزلىرىگە ئەسلىتىش ئۈچۈن ئىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇ چاغدا ئەتراپتىن بىرەر شەھەر تېپىشى مۇمكىن بولمايتتى. خۇلاسە بەنى ئىسرائىل مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدا مىسىردىن چىقىپ فىرئەۋندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى، قەۋمىنى ئېلىپ بەيتۇلمۇقەددەسكە بېرىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇلۇتنى سايە قىلىپ بېرىدۇ، تەييار يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەشنالىقتىن شىكايەت قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ھاسىسىنى مۇئەييەن بىر تاشقا ئۇرىدۇ، تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. ھەر قەبىلە بىر بۇلاقتىن سۇ ئىچىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنى بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلار قورقۇنچاقلىق قىلىپ كىرىشتىن باش تارتىدۇ ۋە ئىنتايىن ھەددىدىن ئېشىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: «بىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ ئۇرۇش قىلغىن، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىينا چۆلىدە 40 يىل ئاداشتۇرۇپ جازالايدۇ. 57 - ئايەتتىن باشلاپ بۇ ئايەتكىچە ئەنە شۇ ئەھۋاللار بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىمۇ مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالنَّصَارَىٰ وَالصَّابِئِينَ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئۆز ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرگە ۋە يەھۇدىيلار، ناسارالار، يۇلتۇزپەرەسلەر ئارىسىدىن ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا ئىنئاملار ئاتا قىلىنىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلاردىن[24] ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىپ ياخشى ئىش قىلغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتلەردە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنمىغانلىقى ۋە تارىختا نۇرغۇن رەزىللىكلەرنى قىلغانلىقى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە تۆت تۈرلۈك دىنىي پىرقە زىكىر قىلىنىپ ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى بىلدۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلغان تەقدىردە ياخشىلىققا ئېرىشىدىغانلىقى خۇش خەۋەر قىلىنىدۇ. ئۇ پىرقىلەر تۆۋەندىكىچە: 1) مۇئمىنلار. بۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن مۇئمىنلارنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى «ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر» ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇدۇر. 2) يەھۇدىيلار. بۇلار ئۆزلىرىنى مۇسا ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ئىلاھىي دىننىڭ ئېتىقادچىلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان پىرقە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىكى «يەھۇدىيلار» ۋە «بەنى ئىسرائىل» دېگەن ئۇقۇملار بۇ پىرقىنى كۆرسىتىدۇ. «يەھۇدىي» دېگەن سۆز، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون ئىككى ئوغلىنىڭ تۆتىنچىسى بولغان «يەھۇدا»دىن كەلگەن. دەسلەپتە شەخس ئىسمى بولغان بۇ سۆز كېيىنچە يەھۇدانىڭ نەسلىگە مەنسۇپ كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ۋە بۇ قەبىلە ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ ئىسمى بولۇپمۇ ئىشلىتىلگەن. بابىل ئاسارىتىدىن كېيىن، بەنى ئىسرائىل «يەھۇدىيلار» دەپ تونۇلۇشقا، مۇسا ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ئىلاھىي دىن«يەھۇدىيلىك» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. «يەھۇدىيلىك» ئۇلارنىڭ مىللىي دىنى بولغانلىقى ئۈچۈن، «يەھۇدىيلار» دېگەن ئىسىم، ئۇلارنىڭ «ئىبرانىيلار» ۋە «بەنى ئىسرائىل» دېگەن مىللىي ئىسملىرى بىلەن ئوخشاش بىر قەۋمنى (يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىنى) كۆرسىتىدۇ. 3( ناسارالار. بۇ، قۇرئان كەرىمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ئىلاھىي دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان پىرقىگە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. ئۇلار تارىخ مەنبەلىرىدە ۋە ئادەتتە «خىرىستىيانلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «خىرىستىيان» دېگەن سۆز، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەسىھ» دېگەن سۈپىتىنىڭ غەرب تىللىرىدىكى ئاتىلىشى بولغان «كرېست - گىرېكچە ئەسلى: خىرىستوس» كەلىمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە ئىبرانىي تىلىدا «مەسىھنى ھۆرمەتلىگۈچى» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز دەسلەپتە مىلادىيە 44 - يىلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغان ئانتاكىيە خەلقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، ئاندىن تەدرىجىي ھالدا ئۇ دىننىڭ ھەر مەزھەپتىن ئېتىقادچىلىرىنى ئىپادىلىگەن. 4) سابىئىيلار. بۇ قەۋم قۇرئان كەرىمدە ئازغۇن پىرقىلەر قاتارىدا ئۈچ يەردە ئۆتىدۇ. تارىخ مەنبەلىرىدە ئۇلار ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇمات تۆۋەندىكىچە: سابىئىيلار - جەنۇبىي مېسوپوتامىيەدە ياشايدىغان ۋە يورۇق - قاراڭغۇلۇق دۇئالىزىمىغا ئاساسلىنىدىغان گنوستىك ئېتىقادلىرى بىلەن تونۇلغان قەۋمدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلارنىڭ «گىنزا» دەپ ئاتىلىدىغان «مۇقەددەس كىتابى» بار. يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ۋە كىتابلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ھەر بىرى بىرەر ئازغۇن قەۋم ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرلا چىقىش يولى بار. ئۇ يول بولسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئايەتتە، ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەتتە تونۇلغان ياكى ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئاتىۋالغان دىنىي ئىسىملىرىنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەسقاتىدىغان نەرسىنىڭ توغرا ئىمان، ياخشى ئەمەل ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە يەنە باشقا ئىككى ئايەتتىمۇ بۇ ھەقىقەت تەكىتلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ الطُّورَ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان، سىلەرگە: «(دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن، ئاخىرەتتە ئازابقا قېلىشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار)، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق) — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويۇپ، سىلەرگە: «تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، بىز بەرگەن كىتابقا ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار» (دېگەن ئىدۇق) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
(63-64) مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىدىن تەۋرات يېزىلغان تاختىلارنى ئېلىپ قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە ئۇلارغا: «بۇ ئاللاھنىڭ كىتابى، بۇنى چىڭ تۇتۇڭلار» دېگەن، ئۇلار: «بىز ئاللاھنى ئاشكارا كۆرمىگىچە دېگىنىڭنى قىلمايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن، بۇ چاغدا تۇيۇقسىز گۈلدۈرماما بېسىپ ئۇلار ئۆلگەن، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تىرىلدۈرگەن ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالام سۆزىنى تەكرارلىغان، ئۇلار يەنە قوبۇل قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئەمر قىلغان، پەرىشتىلەر تۇر تېغىنى ئورنىدىن قومۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە چوڭ بۇلۇتتەك مۇئەللەق ھالەتتە تۇتۇپ تۇرغان. ئۇلار بۇ ئاجايىپ مۆجىزىنى كۆرۈپ، تەۋراتقا ئەمەل قىلىش توغرۇلۇق مۇستەھكەم ئەھدە بەرگەن، لېكىن بۇ ئەھدىسىگە تۇرمىغان. ئاللاھ تائالا ئىلتىپات ۋە مەرھەمەت قىلىپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغان؛ ئۇلارغا مۆھلەت بەرگەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەۋەتىپ تۇرغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىلغا ئەجدادىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۖ فَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ لَكُنْتُمْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
شۇنىڭدىن كېيىن (بەرگەن ۋەدەڭلاردىن) يۈز ئۆرۈدۈڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ـ مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدىن كېيىن ۋەدەڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ كەڭچىلىكى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچى بولاتتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن سىلەر ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتەتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ الَّذِينَ اعْتَدَوْا مِنْكُمْ فِي السَّبْتِ فَقُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى (قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى (بېلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنىڭ سىلەرگە مەلۇم، بىز ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېگەن ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈنى ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. ئۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
(65-66) شەنبە كۈن، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەنى ئىسرائىلغا تۇرمۇش ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋە ئۇلار ئۇ كۈندە دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن چەكلەنگەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ شەنبە كۈنىدە ئىشلىمەسلىكى ۋە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۆز ۋاقتىدا ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر مەزكۇر چەكلىمىنى ھىيلىگەرلىك بىلەن بۇزغان ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن جازالانغان. بۇ ئەھۋالنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىل ئوبدان بىلەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغان. مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتتە ئۇلارنىڭ دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلىقى، بېلىقلار شەنبە كۈنىدىلا ئۇلار تەرەپكە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۇ كۈندە ھەددىدىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە: ئۇلار داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، «ئەيلە» كەنتىدە ياشايدىغان بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئىدى. «ئەيلە» - ئەقەبە قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە، پەلەستىننىڭ جەنۇبىغا ۋە سىينا يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كەنت بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئاھالىسى ئاللاھ تائالانىڭ شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتماسلىق ھەققىدىكى پەرمانىنى تۆۋەندىكى شەكىلدە ھىيلە بىلەن بۇزغان: شەنبە كۈنىدە بېلىقلار توپ - توپ ھالدا ئۇلار تەرەپكە كېلەتتى، باشقا كۈنلەردە كەلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەنبە كۈنىدە تور ۋە قارماقلىرىنى دېڭىزغا سالاتتى. دېڭىزغا يېقىن يەرلەرگە كۆلچەكلەرنى كولاپ، ئۇلار بىلەن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېرىقلار ئاچاتتى. شەنبە كۈنىدە تور ۋە قارماقلارغا بېلىقلار چۈشەتتى، كۆلچەكلەرگە بېلىقلار كىرەتتى. ئۇلار بۇ بېلىقلارنى ئەتىسى يەكشەنبە كۈنىدە تۇتاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىچە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزمىغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ ھىيلىگەرلىكلىرى سەۋەبلىك مايمۇنلارغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَجَعَلْنَاهَا نَكَالًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهَا وَمَا خَلْفَهَا وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
ئۇنى (يەنى ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جازانى) زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بۇ جازانى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرى ۋە كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇ ۋەقەنى زامانداشلىرىغا ۋە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت، تەقۋادارلارغا نەسىھەت قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تَذْبَحُوا بَقَرَةً ۖ قَالُوا أَتَتَّخِذُنَا هُزُوًا ۖ قَالَ أَعُوذُ بِاللَّهِ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ
ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «سەن بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «مەن (باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ) نادانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن ئىدى، قەۋمى ئۇنىڭغا: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟» دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
(67-71) بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە باشقىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بىر ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغان ۋە قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىلىنمىگەن. ئۇلار گۇناھنى بىر - بىرىگە ئارتىشىپ جاڭجاللاشقان، ھەر كىم ئۇ ئادەمنى باشقىسىنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان ۋە ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ كەتكىلى تاس قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بىر - بىرىمىزگە تۆھمەت قىلىشنىڭ، بىر - بىرىمىز بىلەن تىللىشىش ۋە ئۇرۇشۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسانىڭ يېنىغا بارايلى، ئۇ قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەرسۇن» دەپ ئۆزئارا كېلىشكەن، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ۋە قاتىلنىڭ كىملىكىنى سورىغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ» دېگەن، ئۇلار قوپال ئۇسلۇب بىلەن كالىنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكى توغرىسىدا سوئال سوراشقا باشلىغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ھەر سوئالىغا، ئاللاھ تائالانىڭ جاۋابىنى ئەينەن يەتكۈزگەن. ئۇلار سوئاللىرىغا بېرىلگەن جاۋابلار نەتىجىسىدە ئېنىقلانغان كالىنى تېپىپ بوغۇزلىغان. بۇ چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنى، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ جەسىتىنى بوغۇزلانغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۇرۇشقا بۇيرۇغان. 67 - ئايەتتىن بۇ (71 -) ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەردە ئەنە شۇ ۋەقە بايان قىلىنىدۇ. قىسسەلەرنى بايان قىلىشتىكى مەقسەت ئىنسانلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قىسسەنىڭ ئىبرەت ئېلىنىدىغان قىسمى باشتا، قىسسەنىڭ باش تەرىپى ئاخىرىدا بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇ قىسسەدە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئادا قىلماسلىققا ئۇرۇنۇشى، قوپاللىقى، پەيغەمبەرگە قىلغان ناچار مۇئامىلىسى ۋە كېرەكسىز سوئاللارنى سوراپ ئاسان ئىشنى تەسلەشتۈرگەنلىكى بايان قىلىنىش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا شەرتسىز ھالدا ۋە ئەستايىدىل بويسۇنۇشنىڭ لازىملىقى، پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئىلاھىي ئەمر - پەرمانلار ھەققىدە زىغىرلاپ سوراۋېرىشنىڭ يامانلىقى... قاتارلىق دەرسلەرگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا فَارِضٌ وَلَا بِكْرٌ عَوَانٌ بَيْنَ ذَٰلِكَ ۖ فَافْعَلُوا مَا تُؤْمَرُونَ
ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن، دەپ ئېيتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا: «ئاللاھ ئۇنى چوقۇم قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دېدى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇساغا: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟» دېگەن ئىدى، مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر كالا› دەيدۇ. بۇيرۇلغىنىڭلارنى قىلىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا لَوْنُهَا ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ
ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەپ بەرسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى، «ئاللاھ ئۇ كالىنىڭ رەڭگى چوقۇم قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇنىڭ رەڭگى قانداق؟» دېگەن ئىدى. مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ رەڭگى ساپسېرىق، كۆرگەنلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّنْ لَنَا مَا هِيَ إِنَّ الْبَقَرَ تَشَابَهَ عَلَيْنَا وَإِنَّا إِنْ شَاءَ اللَّهُ لَمُهْتَدُونَ
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، (يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟) بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى (بۇ ئېنىق بولىدىغان بولسا) خۇدا خالىسا (ئۇنى) بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭ قانداق كالا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق دەپ بەرسۇن، بۇ بىزگە تازا ئېنىق بولماي قالدى، (ئېنىق بولغاندىن كېيىن) خۇدا خالىسا ئۇنى بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە: «بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇ قانداق كالا؟ چۈنكى بىزنىڭچە كالىلار ئوخشىشىپ قالدى، ئىنشائاللاھ ئۇنى تاپىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ لَا ذَلُولٌ تُثِيرُ الْأَرْضَ وَلَا تَسْقِي الْحَرْثَ مُسَلَّمَةٌ لَا شِيَةَ فِيهَا ۚ قَالُوا الْآنَ جِئْتَ بِالْحَقِّ ۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُوا يَفْعَلُونَ
مۇسا: «ئاللاھ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغىرىپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بېجىرىم، ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سېرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشىنى ئېيتتى» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار (كالىنى) تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سوئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا: «ئاللاھ ئۇ يەر ھەيدەشكە، زىرائەت سۇغىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن، بېجىرىم، ئالىسى يوق كالا بولسۇن دەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار كالىنى (تېپىپ كېلىپ) بوغۇزلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بوغۇزلىيالمىغىلى تاس قالغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «رەببىم: ‹ئۇ تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ يەر ھەيدىمىگەن ۋە ئېكىن سۇغارمىغان، ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە ھېچ ئالىسى بولمىغان بىر كالا› دەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «مانا ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئاندىن ئۇ كالىنى تېپىپ بوغۇزلىدى. ئۇلار بۇنى قىلمىغىلى تاس قالغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذْ قَتَلْتُمْ نَفْسًا فَادَّارَأْتُمْ فِيهَا ۖ وَاللَّهُ مُخْرِجٌ مَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە (قاتىلنىڭ كىملىكى) توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئىدىڭلار. سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى (يەنى قاتىلنىڭ ئىشىنى) ئاللاھ ئاشكارىلىغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا دۆڭگەشكەن ئىدىڭلار. سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى ئاللاھ ئاشكارىلىغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، گۇناھنى بىر - بىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئارتىشقان ئىدىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەر يوشۇرۇۋاتقان نەرسىنى ئوتتۇرىغا چىقىراتتى. — ئەنەس ئالىم
(72-74) بۇ، يۇقىرىدىكى قىسسەنىڭ بېشى بولۇپ، قاتىل بىر كىشى ياكى بىرقانچە كىشى بولسىمۇ، ئايەتتە بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى قاتىل دەپ بىلدۈرۈلگەن، چۈنكى بىر قەۋمنىڭ ئىچىدە بىر كىشى بىرەر يامانلىق قىلسا ۋە باشقىلار ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلسا، ئۇ يامانلىقنى ئۇ قەۋمنىڭ ھەممىسى قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا جازاغا ھەممىسى لايىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بۇ قىسسەنى بايان قىلغاندىن كېيىن بۇ ئايەتلەردە بەنى ئىسرائىلنى سۆزنى تىڭشاۋاتقانلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، ئۇلارغا بىۋاسىتە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنىڭ جەسىتىگە ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ (چۈنكى بۇ ئۇرۇش بىلەن ئۆلۈك تىرىلىپ، قاتىلىنىڭ كىملىكىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرەتتى). ئۇلارنى ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ ئەمرگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن يانسۇن دەپ، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قادىر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىنى ئۇلارغا ئەنە شۇنداق كۆرسىتىدۇ. بۇ مۆجىزىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنىڭ قېتىپ كەتكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَقُلْنَا اضْرِبُوهُ بِبَعْضِهَا ۚ كَذَٰلِكَ يُحْيِي اللَّهُ الْمَوْتَىٰ وَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
(سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق (يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك) تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە (مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق تىرىلدۈرىدۇ ۋە سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز: «بوغۇزلانغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئۇرۇڭلار» دېدۇق. ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەقىل ئىشلەتكەيسىلەر! — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ قَسَتْ قُلُوبُكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ فَهِيَ كَالْحِجَارَةِ أَوْ أَشَدُّ قَسْوَةً ۚ وَإِنَّ مِنَ الْحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنْهُ الْأَنْهَارُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخْرُجُ مِنْهُ الْمَاءُ ۚ وَإِنَّ مِنْهَا لَمَا يَهْبِطُ مِنْ خَشْيَةِ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن) دىلىڭلار قېتىپ كەتتى، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قېتىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن (سۇ ئېتىلىپ چىقىپ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ (تاغ چوققىلىرىدىن) دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار (دېمەك، تاش يۇمشايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ)، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى يەھۇدىيلار جامائەسى!) شۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ دىلىڭلار تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ بەك قېتىپ كەتتى، ھالبۇكى، تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇ بار؛ ئاللاھتىن قورقۇپ ئېگىزدىن دومىلاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن كېيىن قەلبلىرىڭلار يەنە قېتىپ كەتتى. تاشتەك، ھەتتا تاشتىنمۇ قاتتىق بولۇپ كەتتى -شۇنداق تاشلار باركى، ئىچىدىن دەريالارنىڭ سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىدۇ. يەنە شۇنداق تاشلار باركى، يېرىلىدۇ - دە، باغرىدىن سۇ چىقىدۇ. يەنە شۇنداق تاشلارمۇ باركى، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ تۆۋەن تەرەپكە چۈشىدۇ - ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەرسىز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
-
أَفَتَطْمَعُونَ أَنْ يُؤْمِنُوا لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُ مِنْ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) يەھۇدىيلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىۋەتكەن تۇرسا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەر يەنىلا ئۇلار بىزگە ئىشىنەر دەپ ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پىرقە بار ئىدىكى، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلايتتى ۋە ئەقىللىرى بىلەن چۈشىنەتتى، ئاندىن كېيىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ بۇرمىلايتتى. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتلەردە (40 - ئايەتتىن باشلاپ بۇ ئايەتكىچە)، ئۆتمۈشتىكى بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكلىرى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتلەردە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى بەنى ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكلىرى زىكىر قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مۇئمىنلار دىققەت قىلىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! بەنى ئىسرائىل ئەنە شۇنداق قەۋمدۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟ شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىرقى نەسلىنىڭ، توغرا يولدا بولغانلىقىغا ئىشىنىپ، دىنىڭلارنى قوبۇل قىلىشىنى تەمە قىلىۋاتامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. دەرۋەقە ئۇلار نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ، تەۋراتتىكى بەزى ھالاللارنى ھارام، بەزى ھاراملارنى ھالال قىلغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى ئۆزگەرتكەن، مۆتىۋەرلىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە ئۇلارغا تەۋراتنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلمىغان. يىغىپ ئېيتقاندا ئۇلار كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرىدىغان قەۋمدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى تەمە قىلىشىڭلار توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئاللاھنىڭ كالامىنى بۇرمىلىغان، شەرىئىتىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇلار بولسا، ئەجدادىغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ قَالُوا أَتُحَدِّثُونَهُمْ بِمَا فَتَحَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَاجُّوكُمْ بِهِ عِنْدَ رَبِّكُمْ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر ـ بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقانلىرىدا: «پەرۋەردىگارىڭلار قېشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ۋەھىينى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر؟ (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر!» دەيتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر ـ بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا مۆمىنلەر بىزگە قارشى پاكىتقا ئىگە بولۇپ قالسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن نەرسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىۋاتامسىلەر؟ بۇنىڭغا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، بىر - بىرلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا: «رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسەتسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ھەقىقەتنى ئۇلارغا سۆزلەمسىلەر!؟ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېيىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(76-77) بەزى يەھۇدىيلار (ئۇلارنىڭ مۇنافىقلىرى) مۇئمىنلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتاتتى ۋە ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ھەققىدە تەۋراتتا كەلگەن مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئاندىن ئۇلار باشقا يەھۇدىيلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا، ئۇلار تەرىپىدىن بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنەتتى، ئۇلارغا مۇئمىنلارنىڭ بۇ مەلۇماتلارنى ئاخىرەتتە ئۆزلىرىگە (يەھۇدىيلارغا) قارشى ئىشلىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ ئاگاھلاندۇرۇلاتتى. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتۈن قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇراتتى، ئۇلار بۇنى بىلەتتى. بۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئىككى يۈزلىمىچى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئىمان كەلتۈرۈپ مۇئمىنلارغا قوشۇلۇشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَلَا يَعْلَمُونَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇلار يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ الْكِتَابَ إِلَّا أَمَانِيَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى (تەۋراتنى) بىلمەيدۇ، (ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەۋراتنى بىلمەيدىغان، پەقەت ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدىغان، خىيالغىلا تايىنىدىغان ساۋاتسىزلىرى بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئۇممىيلىرى[25] بار. بۇلار كىتابنى بىلمەيدۇ، بىلىدىغىنى پەقەت بىر قىسىم قۇرۇق خىياللاردىنلا ئىبارەتتۇر. بۇلار پەقەتلا گۇمان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە «ئۇممىيلار»مۇ بار بولۇپ، ئۇلار كىتابنى بىلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت بىر قىسىم ئارزۇلارنىلا بىلىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ. ئۇممىي، ئانىسىدىن تۇغۇلغان پېتى قالغان، بىر نەرسە ئۆگەنمىگەن كىشى، ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان كىشى دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئوقۇش ۋە يېزىش بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇممىي دەپ ئاتالغان. بۇ يەردىكى ئۇممىيلار بولسا، ئوقۇغان كىتابىنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى بىلمىگەنلىكى، پەقەت لەۋزىنى ئوقۇشنىلا بىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى، پەقەت موللىلىرىدىن ئاڭلىۋالغان «ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزگە شافائەت قىلىدۇ، دوزاختا بىرقانچە كۈنلا كۆيۈمىز ، بىز ئاللاھنىڭ دوستلىرى، ئاللاھ گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن بىزنى جازالىمايدۇ، جەننەتكە پەقەت يەھۇدىيلار كىرىدۇ» دېگەن يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇممىي ھېسابلانغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَٰذَا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ لِيَشْتَرُوا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا يَكْسِبُونَ
كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش (دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى) ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! قولى بىلەن يازغانلىرى (يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي! (بۇنىڭ بىلەن) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ
كىتابنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئاز پۇلغا (يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتىگە) سېتىۋېتىش ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆز قولى بىلەن يېزىۋالغان نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنە پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر» دېگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم
كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنە پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر» دېگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! يەھۇدىيلارنىڭ ئەسكى موللىلىرى ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ مەنىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە بۇرمىلاپ بىر قىسىم كىتابلارنى يازاتتى، يۇقىرىدىكى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان «ئۇممىيلار» تەبىقىسىگە ئۇ كىتابلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ۋە ئۇ كىتابلارغا ئاساسەن دىندارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتاتتى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلەر ئۈندۈرۈۋالاتتى. يەھۇدىيلارنىڭ ئۇ موللىلىرى كەڭ ئاممىغا دىنىي جەھەتتىن توغرا مەلۇمات بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرىنىڭ سۆز ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئاللاھنىڭ كالامىدەك كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي كۆزقاراشلىرىنى روناق تاپتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، دىننى كىرىم مەنبەسى ۋە مەنپەئەت ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئايەتتە قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ، شۇنداقلا يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، ئاللاھتىن كەلگەن ھەقنى بىلىش ۋە يەتكۈزۈشنىڭ پەرزلىكىگە، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىگە، جاھالەت ۋە تەقلىد قىلىشنىڭ يامانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا لَنْ تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَعْدُودَةً ۚ قُلْ أَتَّخَذْتُمْ عِنْدَ اللَّهِ عَهْدًا فَلَنْ يُخْلِفَ اللَّهُ عَهْدَهُ ۖ أَمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئۇلارغا) «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ، (ۋەدە بەرگەن بولسا) ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغاننى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ؟ شۇنداق بولسا، ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ياكى ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نېمىنى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق بىرقانچە كۈنلا كۆيىمىز» دېدى. سەن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟ - ئالغان بولساڭلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ - ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم
(80-82) «دوزاختا ساناقلىق بىرقانچە كۈنلا كۆيۈپ يېنىپ چىقىش» كۆزقارىشى يەھۇدىيلارنىڭ باتىل ئېتىقادلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەپسۇس، مۇسۇلمانلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭمۇ «دوزاختا گۇناھقا تۇشلۇق كۆيۈپ يېنىپ چىقىش» ئېتىقادى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ۋە بۇلار گۇناھ قىلىشتىن قورقمايدۇ، بولۇپمۇ ھارام يېيىشتىن تەپ تارتمايدۇ، ئۆزگىنى بوزەك ئېتىشتىن قول يىغمايدۇ. ھەر ئىككى پىرقىنىڭ ئارىسىدا بىراۋنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش ۋە ھوقۇقىنى ئاياغ ئاستى قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. بۇ ئېتىقاد (دوزاختا بىرقانچە كۈن كۆيۈپ چىقىش ئېتىقادى)، ناھايىتى چوڭ دەۋا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا بەرگەن بىرەر ئەھدىگە ئاساسلىنىشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا: «سىلەر بۇ توغرىدا ئاللاھتىن ئەھدە ئالدىڭلارمۇ؟ - ئاللاھ ئەھدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ - ياكى سىلەر ئاللاھ نامىدىن بىلمەي گەپ قىلىۋاتامسىلەر؟» دېيىشكە بۇيرۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادى ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن ئالغان ئەھدىگە ئاساسلانمايتتى، ئەكسىچە بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئويدۇرغان يالغانغا ئۆزلىرى ئالدىنىشنىڭ مەھسۇلى ئىدى، خالاس. ئاخىرەتتىكى ئىشلار ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىلدۈرگەن ھەقىقەت بويىچە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىلدۈرگەن ھەقىقەت شۇكى، كۇفرىلىق قىلغان ۋە گۇناھلارغا غەرق بولغانلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەھدىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ غەيبنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە خىلاپ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رىۋايەتلەر ئۇنىڭغا چاپلانغان تۆھمەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلَىٰ مَنْ كَسَبَ سَيِّئَةً وَأَحَاطَتْ بِهِ خَطِيئَتُهُ فَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەمەلىيەت سىلەر دېگەندەك ئەمەس. گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا پېتىپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئەنە شۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياق، ئۇنداق ئەمەس. كىمكى يامانلىق قىلىدىكەن ۋە خاتالىقى ئۇنى قورشىۋالىدىكەن، ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر. ئەنە شۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا، جەننەت ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(2-سۈرە بەقەرە، 83-ئايەت) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) پەرز ناماز زاكات يېتىملارنى بېقىشوَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ
ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە يېنىۋالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: «ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار؛ ئاتا -ئاناڭلارغا، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار؛ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(83-86) ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلدىن بىرقانچە قېتىم مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان، لېكىن ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان. خۇسۇسەن ئۇلار تەۋراتنى چىڭ تۇتۇش، ئۇنى ئىنسانلارغا بايان قىلىش ۋە يوشۇرماسلىق ھەققىدىكى ئەھدىسىگە ھېچ ۋاپا قىلمىغان. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا لەنەت قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئەھدىسىدە تۇرغان بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بىر پۈتۈن قەۋم ھالىتىدە لەنەت قىلغان، چۈنكى بۇ دۇنيادا ئىلاھىي رەھمەتمۇ ئومۇمغا ئاتا قىلىنىدۇ، ئىلاھىي لەنەتمۇ ئومۇمغا ياغىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَاءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنْفُسَكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنْتُمْ تَشْهَدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن يەنە: «بىر - بىرىڭلارنىڭ قانلىرىنى تۆكمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەيسىلەر» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. بۇنىڭغا سىلەرمۇ ئەھدە بەرگەن ئىدىڭلار، بۇنى ئوبدان بىلىسىلەرغۇ! — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تَقْتُلُونَ أَنْفُسَكُمْ وَتُخْرِجُونَ فَرِيقًا مِنْكُمْ مِنْ دِيَارِهِمْ تَظَاهَرُونَ عَلَيْهِمْ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَإِنْ يَأْتُوكُمْ أُسَارَىٰ تُفَادُوهُمْ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيْكُمْ إِخْرَاجُهُمْ ۚ أَفَتُؤْمِنُونَ بِبَعْضِ الْكِتَابِ وَتَكْفُرُونَ بِبَعْضٍ ۚ فَمَا جَزَاءُ مَنْ يَفْعَلُ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ إِلَّا خِزْيٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰ أَشَدِّ الْعَذَابِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە، فىدىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋالىسىلەر؛ ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتىي دۇنيادا خارلىققا قېلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
كېيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ) بىر ـ بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ كەلگەندە بولسا، فىديە بېرىپ قۇتقۇزۇۋېلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. سىلەر كىتاب (يەنى تەۋراتنىڭ) بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ھاياتىدا شەرمەندە بولۇش ، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا بىر - بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىسىلەر، ئىچىڭلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋاتىسىلەر، ئۇلارغا قىلىنغان يامانلىق ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملىشىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار ئەسىرگە چۈشۈپ يېنىڭلارغا كەلسە، فىدىيەلىرىنى بېرىپ قۇتقۇزىۋاتىسىلەر. ئەسىلىدە ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى. ياكى سىلەر كىتابنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر قىسمىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن بۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋاچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار قىيامەت كۈنىمۇ ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا بِالْآخِرَةِ ۖ فَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار ئاخىرەتتىن كېچىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە تۇرغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى دۇنيا ھاياتىغا ساتقان كىشىلەردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىتىلمەيدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ ۖ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار — مۇھەممەد سالىھ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغىمۇ روشەن دەلىللەرنى[26] بەرگەن ئىدۇق، ئۇنى روھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىغان ئىدۇق. لېكىن سىلەر قاچانىكى ئەلچى كۆڭلۈڭلار ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدىڭلار، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم
(87-90) ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن بەنى ئىسرائىلغا ئارقا - ئارقىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىي بىلەن بىرلىكتە تەۋراتنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغان. بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا، لايدىن قۇش شەكلى ياساپ ئىچىگە پۈۋلىسە قۇش بولۇشى، تۇغما كور ئادەمنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى ساقايتىشى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشى، ئىنسانلارغا ئۆيلىرىدە نېمە يەپ، نېمە ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى قاتارلىق مۆجىزىلەرنى بەرگەن ۋە ئىنجىلنى نازىل قىلغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىلگىرى ھارام قىلىنغان بەزى ھاراملارنى ھالال قىلىدىغان يېڭى ھۆكۈملەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۇ پەيغەمبەرلەرنى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ئىمان كەلتۈرۈشى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى ۋە قوللىشى كېرەك ئىدى، لېكىن پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىلىرىنى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن، بەزىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. گەرچە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆز ۋاقتىدىكى ناسارالار ئىشەنگەن بولسىمۇ كېيىنكىلەر ئۇنىڭغا «ئىلاھ» دەپ ئىشىنىپ، ئۇنى «ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دەپ قوبۇل قىلمىغان، نەتىجىدە ھەممىسى ئۇنى ئىنكار قىلغان. يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەتكىچە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىمۇ ئىنكار قىلغان ۋە قارشى چىققان. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدا (تەۋرات بىلەن ئىنجىلدا) ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا ئۆز گۇناھلىرى سەۋەبلىك ھارام قىلىنغان پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ھالال بىلىپ ئىستېمال قىلىۋاتقان ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئېغىر ھۆكۈملەرنى يەڭگىللەشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرەتتى. بۇ ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇتقان بۇ سەلبىي پوزىتسىيەسىنىڭ ، ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا قُلُوبُنَا غُلْفٌ ۚ بَلْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَقَلِيلًا مَا يُؤْمِنُونَ
ئۇلار: «دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار(يەھۇدىي)لار: «بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلەنگەن» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار كۇفرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «قەلبلىرىمىز پەردىلىكتۇر» دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارغا كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن لەنەت قىلدى. شۇڭا ئۇلار بەك ئاز ئىشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَمَّا جَاءَهُمْ كِتَابٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ وَكَانُوا مِنْ قَبْلُ يَسْتَفْتِحُونَ عَلَى الَّذِينَ كَفَرُوا فَلَمَّا جَاءَهُمْ مَا عَرَفُوا كَفَرُوا بِهِ ۚ فَلَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الْكَافِرِينَ
ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى). ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كاپىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ كاپىرلارغا (پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا) لەنەت قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا قولىدىكى كىتاب (تەۋرات)نىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى. ئىلگىرى ئۇلار (تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كافىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان بۇ پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتى كافىرلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان كىتاب كەلسە، ئىلگىرى كافىرلارغا قارشى غەلىبە تىلىگەن بۇ يەھۇدىيلار، مانا ئەمدى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى تونۇغان نەرسە يېتىپ كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ لەنىتى ئۇ كافىرلارغا ياغىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
بِئْسَمَا اشْتَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ أَنْ يَكْفُرُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ بَغْيًا أَنْ يُنَزِّلَ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ فَبَاءُوا بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (ئىمانىنى) كۇفرىغا سېتىشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۆز پەزلىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كېچىپ كۇفرغا تۇرۇشى ئەجەب يامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ـ ئۈستىگە غەزەپكە ئۇچرىدى. كافىرلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى ساتقان نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ، ئاللاھنىڭ خالىغان بەندىسىگە ئۆز ئېھسانىدىن نازىل قىلغانلىقىغا قىزغىنىپ، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى ئىنكار قىلىشىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار قاتمۇقات غەزەپكە يولۇقتى. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا نُؤْمِنُ بِمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَيَكْفُرُونَ بِمَا وَرَاءَهُ وَهُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِمَا مَعَهُمْ ۗ قُلْ فَلِمَ تَقْتُلُونَ أَنْبِيَاءَ اللَّهِ مِنْ قَبْلُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا (قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارغا) «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا (قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتاب (تەۋرات)قا ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى، ئۇ (قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىڭلار» دېيىلسە، «بىز بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقىلا ئىشىنىمىز» دەيدۇ، باشقا كىتابلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان ئۇلارنىڭ كىتابىنى تەستىقلايدىغان ھەق كىتابتۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولساڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ نەبىيلىرىنى نېمىشقا ئۆلتۈرەتتىڭلار؟». — ئەنەس ئالىم
(91-93) «قەلبلىرىگە موزاينىڭ مۇھەببىتى ئىچۈرۈلگەن» ئىپادىسىنىڭ مەنىسى، «سۇ خۇددى بىر نەرسىگە كىرىپ سىڭىپ كەتكەندەك مىسىرلىقلارنىڭ باتىل ئىلاھى بولغان موزاينىڭ مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە سىڭىپ كەتكەن» دېمەكتۇر. بۇ ئايەتلەردە، باشتا يەھۇدىيلارنىڭ قۇرئانغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەي، ئۆز دىنىدا قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋاسى زىكىر قىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا رەددىيە بېرىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: ئى يەھۇدىيلار! سىلەرگە «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىڭلار» دېيىلسە، «بىز، ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىمىز» دېدىڭلار ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلدىڭلار. بۇنىڭغىمۇ ماقۇل، ئەگەر ئۆز كىتابىڭلارغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمىشقا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن ئىدىڭلار؟ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش كىتابىڭلارنىڭ قەيىرىدە بار؟ ئۆز ۋاقتىدا مۇسا سىلەرگە ھەر خىل مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن، سىلەر مۇسا تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن موزايغا چوقۇنۇپ بۇتپەرەسلىك قىلىپ ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغان ئىدىڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئەھدە ئالغان، تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز بەرگەن كىتابنى چىڭ تۇتۇڭلار» دېگەن، سىلەر «سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق» دەپ بىزگە ئەھدە بەرگەن، لېكىن قىلمىشىڭلار بىلەن ئەھدەڭلارنى بۇزغان، چۈنكى قەلبىڭلارغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتكەن. سىلەرنىڭ ئۆز كىتابىڭلارغا بولغان ئىمانىڭلار ئەنە شۇ يامانلىقلارغا بۇيرۇغانمۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ جَاءَكُمْ مُوسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ اتَّخَذْتُمُ الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَنْتُمْ ظَالِمُونَ
مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئېنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن) دىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا سىلەرگە روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. سىلەر بولساڭلار، ئۇ يوق چاغدا موزايغا چوقۇنغان ئىدىڭلار. سىلەر ئەنە شۇنداق زالىمسىلەر! — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ وَرَفَعْنَا فَوْقَكُمُ الطُّورَ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاسْمَعُوا ۖ قَالُوا سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَأُشْرِبُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْعِجْلَ بِكُفْرِهِمْ ۚ قُلْ بِئْسَمَا يَأْمُرُكُمْ بِهِ إِيمَانُكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن (تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا) چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، سىلەرگە: «مەن نازىل قىلغان كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار (بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز)» دەپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق ۋە (تەۋراتقا) قۇلاق سېلىڭلار (دېدۇق). ئۇلار: «سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق، ئەمرىڭگە ئاسىيلىق قىلدۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟ (سىلەر مۆمىن ئەمەس، چۈنكى ئىمان موزايغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇمايدۇ)» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويۇپ، سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە سىلەرگە: «مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار: «سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق، (لېكىن) بىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالمايمىز» دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن، دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟)» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان ئىدۇق ۋە تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلاردا كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. سىلەر: «قۇلاق سالدۇق ۋە ئاسىي بولدۇق» دېگەن ئىدىڭلار. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى تۈپەيلىدىن قەلبلىرىگە موزاينىڭ مۇھەببىتى ئىچۈرۈلگەن ئىدى[27]. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا!؟». — ئەنەس ئالىم
-
قُلْ إِنْ كَانَتْ لَكُمُ الدَّارُ الْآخِرَةُ عِنْدَ اللَّهِ خَالِصَةً مِنْ دُونِ النَّاسِ فَتَمَنَّوُا الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلارغا: «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (جەننەت) ئاللاھنىڭ قېشىدا (سىلەر گۇمان قىلغاندەك) باشقىلارغا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا، (سىلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇرىدىغان) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! (جەننەت بىزگىلا خاس دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «ئەگەر ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاخىرەت يۇرتى (جەننەت) باشقىلارغا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا ھەمدە شۇنداق دېگەن گېپىڭلار راست بولسا، ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاخىرەت يۇرتى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگىلا ئائىت بولسا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! ئەگەر راستچىل بولساڭلار». — ئەنەس ئالىم
(94-96) يەھۇدىيلار: «جەننەتكە پەقەت يەھۇدىي بولغان كىشىلەرلا كىرىدۇ» دەيتتى، ناسارالار: «جەننەتكە پەقەت ناسارا بولغان كىشىلەرلا كىرىدۇ» دەيتتى. بۇ ئىككى پىرقە يەنە بۇ مەنىگە كېلىدىغان «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرىمىز» دېگەن سۆزنىمۇ قىلاتتى. بۇ ئايەتلەردە ئۇلارغا باشتا جەننەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىش تەكلىپى سۇنۇلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بۇ تەكلىپنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشقا بەك ھېرىسمەن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى يەھۇدىيلار! ئى ناسارالار! ئەگەر ‹ئاخىرەتتە جەننەتكە بىزلا كىرىمىز› دېگەن دەۋايىڭلاردا سەمىمىي بولىدىغان بولساڭلار، قېنى جەننەتكە مەرھەمەت! لېكىن جەننەت ئۇ دۇنيادا بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆلۈپ ئۇ دۇنياغا بېرىشىڭلار لازىم، شۇڭا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىڭلار ۋە ئۆلۈڭلار، ئاندىن جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشىڭلار، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىق، مۇسىبەت ۋە دەرد - ئەلەملىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتىڭلار!». ئۇلار ئۆلۈمنى ئەسلا ئارزۇ قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار گۇناھلىرىنى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار گەرچە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئاخىرەتتە بارلىق كىشىلەر ئارىسىدا جەننەتكە ئۆزلىرىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلسىمۇ، لېكىن قىلغان گۇناھ ۋە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ۋىجدانلىرى بۇ دەۋالىرىگە قوشۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئەسلىدە ئۇلار بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە بۇ دۇنيا ھاياتىغا ئەڭ ھېرىسمەن كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! بۇنى سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارنى تونۇيدىغانلارمۇ كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇنى بىلىپ قويۇشى لازىمكى: ئەگەر تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا كەلمىسە يەنى ئاخىرقى پەيغەمبەر بولغان ساڭا ۋە سېنىڭ كىتابىڭ قۇرئانغا ئىشىنىپ مۇئمىنلارنىڭ سېپىگە قوشۇلمىسا، دۇنيادا قانچىلىك ئۇزۇن ياشىشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىرەتتە دوزاخقا كىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَنْ يَتَمَنَّوْهُ أَبَدًا بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. ئاللاھ بۇنداق زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئىلگىرى ئۆز قوللىرى قىلغان يامان ئىشلار سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلالمايدۇ. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَتَجِدَنَّهُمْ أَحْرَصَ النَّاسِ عَلَىٰ حَيَاةٍ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا ۚ يَوَدُّ أَحَدُهُمْ لَوْ يُعَمَّرُ أَلْفَ سَنَةٍ وَمَا هُوَ بِمُزَحْزِحِهِ مِنَ الْعَذَابِ أَنْ يُعَمَّرَ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىس كۆرۈسەن؛ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ۋەھالەنكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈسەن؛ ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
چوقۇم كۆرىسەن، ئۇلار دۇنيا ھاياتىغا پۈتكۈل ئىنسانلاردىن بەك ھېرىسمەندۇر. ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ بەكرەك ھېرىسمەندۇر. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆمرۈم مىڭ يىل بولغان بولسا دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنى بۇ قەدەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ ئازاپتىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
قُلْ مَنْ كَانَ عَدُوًّا لِجِبْرِيلَ فَإِنَّهُ نَزَّلَهُ عَلَىٰ قَلْبِكَ بِإِذْنِ اللَّهِ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَهُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
ئېيتقىنكى، «جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (ئاللاھقا دۈشمەندۇر)، چۈنكى ئۇ (جىبرىئىل) ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكىنى (ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (ئاللاھقا دۈشمەندۇر)، چۈنكى جىبرىئىل ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بېشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە چۈشۈردى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «كىم جىبرىئىلغا دۈشمەن بولىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى قۇرئاننى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلغان پەرىشتە شۇ جىبرىئىلدۇر. ئۇ قۇرئان ئۆزىدىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، مۇئمىنلار ئۈچۈن يول كۆرسەتكۈچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى كىتابتۇر». — ئەنەس ئالىم
(97-98) «جىبرىئىل» - ئىلاھىي ئەمر - پەرمانلارنى پەيغەمبەرلەرگە ۋە پەرىشتىلەرگە يەتكۈزىدىغان ۋەھىي پەرىشتىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئۇ پەرىشتە «روھۇلقۇدۇس»، «روھۇلئەمىن»، «روھ» ۋە «رەسۇل» دېگەن ئىپادىلەر بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك، ھۆرمەتلىك ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارلىق ۋە باشقا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئىتائەت قىلىنىدىغان پەرىشتىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى بىر قېتىم «روشەن ئۇپۇقتا»، بىر قېتىم «سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا» ئەسلىي ھالىتىدە كۆرگەن. ئۇنىڭ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە نازىل قىلىشى - قۇرئان ئايەتلىرىنى ئاللاھتىن ئېلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىش، ئوقۇپ ئۆگىتىش ۋە بايان قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئايەتلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتە بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. «مىكائىل» - بۈيۈك پەرىشتىلەردىن بىرىنىڭ ئىسمىدۇر ۋە پەقەت بۇ ( 98 -) ئايەتتىلا ئۆتىدۇ. ئايەتتە «پەرىشتىلەر» زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جىبرىئىل بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە زىكىر قىلىنىشى، ئۇنىڭ بۈيۈك پەرىشتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر تۈركۈم يەھۇدىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن «ساڭا ۋەھىي نازىل قىلغان پەرىشتىنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ سورىغان ۋە «جىبرىئىل» دېگەن جاۋابنى ئاڭلاپ، «جىبرىئىل بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر، مىكائىل بىزنىڭ دوستىمىزدۇر. ئەگەر ساڭا ۋەھىي نازىل قىلغان پەرىشتە مىكائىل بولسا ئىدى، ساڭا ئىمان كەلتۈرگەن بولاتتۇق» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەت نازىل بولۇپ، ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەسلىدە جىبرىئىلنى ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنى دۈشمەن تۇتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن، چۈنكى جىبرىئىل قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان پەرىشتە بولۇپ، ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن قىلغان. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا بولغان دۈشمەنلىك ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئەۋەتكەن ئاللاھقا بولغان دۈشمەنلىكتۇر. بۇ سەۋەبتىن 98 - ئايەتتە، جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان كىشىنىڭ ئەسلىدە ئاللاھقا، پەرىشتىلەرگە، پەيغەمبەرلەرگە ۋە يەھۇدىيلار بەك سۆيىدىغان مىكائىلغا دۈشمەن بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭمۇ بۇ كافىرلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ كَانَ عَدُوًّا لِلَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَرُسُلِهِ وَجِبْرِيلَ وَمِيكَالَ فَإِنَّ اللَّهَ عَدُوٌّ لِلْكَافِرِينَ
كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (ئاللاھنى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، پەيغەمبەرلىرىگە، جىبرىئىلغا، مىكائىلغا دۈشمەن بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنداق كافىرلارغا جەزمەن دۈشمەن بولىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە، جىبرىئىلغا ۋە مىكائىلغا دۈشمەن بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كافىرلارنىڭ دۈشمىنىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۖ وَمَا يَكْفُرُ بِهَا إِلَّا الْفَاسِقُونَ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ساڭا بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ساڭا بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ساڭا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئۇ ئايەتلەرنى فاسىقلاردىن باشقىسى ئىنكار قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(99-101) ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلغانلىقىنىڭ شەك - شۈبھىسىز ئىكەنلىكىنى ۋە فاسىقلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ بۇ ئايەتلەرنى ئىنكار قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز كىتابىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىشكە ئەمر قىلغانلىقى ئۈچۈن چۆرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «فاسىق - فاسق» كەلىمىسى، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلماق، توغرا يولدىن چىقماق ۋە گۇناھقا مايىل بولماق دېگەن مەنىلەردىكى «فىسق»سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئېنىق سۈپەتداشتۇر. بۇ سۈپەتداش قۇرئان كەرىمدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان كىشى، كافىر، مۇنافىق، گۇناھكار، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە خىلاپلىق قىلغان كىشى، ئاللاھنى ئۇنتۇغان كىشى قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «فاسىقۇن - فاسىقلار» كەلىمىسى قۇرئاننى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلارنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن «كافىرلار» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. بۇ ئايەتلەردە ئۇ كافىرلارنىڭ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان، شۇنداقلا ئۆز كىتابى ۋە پەيغەمبەرلىرىگىمۇ ساداقەتسىزلىك قىلغان يەھۇدىيلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەسلىكىنىڭ، ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَكُلَّمَا عَاهَدُوا عَهْدًا نَبَذَهُ فَرِيقٌ مِنْهُمْ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
ھەر قاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ (يەھۇدىيلارنىڭ) تولىسى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار ھەر قاچان بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، يەنە تېخى ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى (تەۋراتقا) ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قاچانىكى بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، ئىچىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۇ ئەھدىنى چۈرۈۋەتمىدىمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
(2-سۈرە بەقەرە، 101-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار كىتاب ئەھلى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشىوَلَمَّا جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ كِتَابَ اللَّهِ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركۈمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابىنى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىدى) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قولىدىكى كىتابنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگەندە،ئۇلارنىڭ بىر قىسمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، كىتاب بىرىلگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئارقىلىرىغا چۈرۈۋەتتى. ئۇلار گويا ھەقىقەتنى ھېچ بىلمەيدىغاندىكىدەك ئىش قىلدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَاتَّبَعُوا مَا تَتْلُو الشَّيَاطِينُ عَلَىٰ مُلْكِ سُلَيْمَانَ ۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَانُ وَلَٰكِنَّ الشَّيَاطِينَ كَفَرُوا يُعَلِّمُونَ النَّاسَ السِّحْرَ وَمَا أُنْزِلَ عَلَى الْمَلَكَيْنِ بِبَابِلَ هَارُوتَ وَمَارُوتَ ۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَا إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ ۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِ بَيْنَ الْمَرْءِ وَزَوْجِهِ ۚ وَمَا هُمْ بِضَارِّينَ بِهِ مِنْ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ ۚ وَلَقَدْ عَلِمُوا لَمَنِ اشْتَرَاهُ مَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ ۚ وَلَبِئْسَ مَا شَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
ئۇلار سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھىرگەرلىكىگە ئائىت) سۆزلىرىگە ئەگەشتى. سۇلايمان (سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت ـ مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار شەيتانلارنىڭ سۇلەيماننىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى (سۇلەيمان سېھىرگەرگە تايىنىپ پادىشاھ بولغان دېگەن) سۆزىگە ئەگەشتى. سۇلەيمان كافىر بولۇپ كەتمىدى(يەنى سېھىرگەرلىك قىلمىدى)، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىرنى، شۇنداقلا بابىل(شەھىرى)دىكى ھارۇت، مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە چۈشۈرۈلگەن سېھىرنى ئۈگىتىپ كافىر بولدى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) «بىز پەقەت سىناق (ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق) كافىر بولۇپ كەتمىگىن» دېمەي تۇرۇپ، ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار(يەنى ئىنسانلار) بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى) سېھىرگە تېگىشكۈچىگە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە تېگىشكەن سېھىرنىڭ ئەجەبمۇ يامان ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى (ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايتتى) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شەيتانلارنىڭ سۇلەيماننىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا ئويدۇرۇپ چىققان يالغانلىرىغا ئەگەشتى. سۇلەيمان كافىر بولمىدى، لېكىن ئۇ شەيتانلار كافىر بولدى. ئۇلار ئىنسانلارغا سېھىرنى ۋە بابىلدىكى ھارۇت ۋە مارۇت ئىسىملىك ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۆگىتەتتى. ھالبۇكى، ئۇ ئىككى پەرىشتە: «بىز ئىمتىھان ۋاسىتىسىدۇرمىز. ھەرگىزمۇ كافىر بولمىغىن!» دېمەستىن بىلگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئۆگەتمەيتتى. لېكىن ئۇلار ئۇ ئىككى پەرىشتىدىن ئەر بىلەن خوتۇنىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، پايدا يەتكۈزمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى. ئۇلار سېھرىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇلار بەدىلىگە ئۆزلىرىنى سېتىۋەتكەن نەرسە نېمىدېگەن يامان! ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ! — ئەنەس ئالىم
سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى («سۇلەيمان» دېگەن كەلىمە) قۇرئان كەرىمدە 16 قېتىم ئۆتكەن بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇنىڭ ھەققىدە بېرىلگەن مەلۇمات تۆۋەندىكىچە: سۇلەيمان، داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك بىلەن بىرلىكتە پادىشاھلىق، توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە كاتتا ئىلىم ئاتا قىلغان، قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۆگەتكەن ۋە ھەر نەرسىدىن بەرگەن، شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، بىر قىسىم جىن ۋە شەيتانلارنى خىزمىتىگە سېلىپ بەرگەن. ئۇ ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان بۇ ئىلتىپاتلار سايىسىدە جىن، ئىنسان ۋە قۇشلاردىن مۇنتىزىم قوشۇنلار تەشكىل قىلغان، شۇنداقلا ھېچكىمگە نېسىپ بولمىغان سەلتەنەتكە ئېرىشكەن. بۇ ئايەتتە يەھۇدىيلارنىڭ، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىنسان ۋە جىن شەيتانلىرى تارىخ بويىچە ئويدۇرۇپ توپلىغان ۋە ئىنسانلارغا سۆزلەپ كەلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزىغا كۆچۈپ يۈرگەن ئەپسانىلەرگە ۋە تۆھمەتلەرگە ئەگەشكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇلار شەيتانلارغا مۇنۇ شەكىلدە ئەگەشكەن: ئۇلارنىڭ ئېتىقادىچە، «سۇلەيمان ئىشلىرىنى سېھىر بىلەن ئىجرا قىلىدىغان، ئىلمىنى جىنلاردىن ئالغان، شۇنداقلا ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇ ئىلىم بىلەن يۈرگۈزگەن گۇناھكار، ھەتتا كافىر پادىشاھ ئىدى». بۇ ئايەتتە سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ كافىر ئەمەسلىكى يەنى سېھىر قىلمىغانلىقى ۋە سېھىر بىلەن ئىش قىلمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇ ئەپسانىلەرنى ئويدۇرۇپ ئىنسانلارغا سۆزلىگەن ۋە ئۇ تۆھمەتلەرنى توقۇپ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە تارقاتقان شەيتانلارنىڭ كافىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقاد ۋە كۆزقاراشلىرىغا كۈچلۈك رەۋىشتە رەددىيە بېرىلىدۇ. ئاندىن ئۇ شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارغا سېھىرنى ۋە بابىلدىكى (ئۆز ۋاقتىدا بابىلدا ئىنسانلارغا سىناق ئۈچۈن بىر قىسىم ئىلىملەرنى ئۆگەتكەن) ئىككى پەرىشتە ھارۇت ۋە مارۇتقا نازىل قىلىنغان نەرسىلەرنى ئۆگىتىدىغانلىقى، ئۇ ئىككى پەرىشتىنىڭ ئىنسانلارغا سىناق ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەتكەنلىكى، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئۇلاردىن ئۆگەنگەن ئىلىمنى ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي يامانلىققا ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ ئايەت سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ سېھىر قىلمىغانلىقىنى، ئەكسىچە سېھىرنى شەيتانلارنىڭ ئويدۇرۇپ ئىنسانلارغا ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سېھىر قىلمايدىغانلىقىنى، سېھىر بىلەن ئىش قىلمايدىغالىقىنى، شۇنداقلا سېھىر ئۆگەنمەيدىغان ۋە ئۆگەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاخىرىدا سېھىر بىلەن مەشغۇل بولغان ۋە ئىلمىنى يامانلىققا ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئاخىرەتتە زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ أَنَّهُمْ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَمَثُوبَةٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ خَيْرٌ ۖ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
ئەگەر ئۇلار ئىمان كەلتۈرسە (سېھىرنى تاشلاپ) ئاللاھتىن قورقسا، (ئۇلار ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار ئىمان كەلتۈرسە ئاللاھتىن قورقسا، (ئۇلار ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئىمان ئېيتىپ گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشەتتى. ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسىچۇ! — ئەنەس ئالىم
ئەگەر يەھۇدىيلار ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن بولسا ئىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەلۋەتتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولاتتى. ئۇلار ئەگەر ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا بۇنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقُولُوا رَاعِنَا وَقُولُوا انْظُرْنَا وَاسْمَعُوا ۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار، (سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار*[1]، (ئۇنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! «رائىنا» دېمەڭلار، «ئۇنزۇرنا» دەڭلار، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار[28]. — ئەنەس ئالىم
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلارغا قۇرئان ئوقۇغان، سۆز قىلغان ۋە تەلىم بەرگەن چاغلىرىدا، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «بىزنى نەزەردە تۇتسىلا، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا رىئايە قىلسىلا، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا قارىسىلا، ئېنىق بىلىۋالايلى، بىز چۈشىنىۋالايلى، ئېسىمىزدە ساقلىۋالايلى» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، «رائىنا» دېگەن ئىدى. بۇ سۆزنى پەرقلىق تەلەپپۇز بىلەن ئۆز ئارىلىرىدا بىر - بىرىنى تىللاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يەھۇدىيلار خۇرسەن بولدى ۋە تىللىرىنى ئەگرى - بۈگرى قىلىپ، ئۇ سۆزنى ئۆز تىلىدىكى ھاقارەت مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان شەكىلدە تەلەپپۇز قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دېيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇ سۆزنى قىلىشتىن مەنئى قىلىنىپ، يۇقىرىدىكى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان، لېكىن ھاقارەت مەنىسى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان باشقا بىرەر سۆزگە تەئۋىل قىلىنمايدىغان «ئۇنزۇرنا» دېگەن سۆزنى دېيىشكە ئەمر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَلَا الْمُشْرِكِينَ أَنْ يُنَزَّلَ عَلَيْكُمْ مِنْ خَيْرٍ مِنْ رَبِّكُمْ ۗ وَاللَّهُ يَخْتَصُّ بِرَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ ذُو الْفَضْلِ الْعَظِيمِ
ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، ئاللاھ چوڭ پەزل ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، ئاللاھ بۈيۈك پەزل ئىگىسىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار، رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق چۈشۈرۈلىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ رەھمىتىنى خالىغان كىشىگىلا ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
«ئەھلى كىتاب»نىڭ مەنىسى «ئىلاھىي كىتاب ئىگسى» دېمەكتۇر. قۇرئان كەرىمدە 31 قېتىم ئۆتكەن بۇ سۆز (ئەھلى كىتاب - أهل الكتاب) ئاساسەن يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارنى كۆرسىتىدۇ. «مۇشرىكلار» - ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى دېگەن مەنىدىكى «مۇشرىك» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، «ئەھلى كىتاب»تىن باشقا پۈتۈن كافىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىككى پىرقە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام ۋە قۇرئان بىلەن مۇشەررەپ بولۇپ، ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكىدىن ۋە كۈندىن - كۈنگە كۈچەيگەنلىكىدىن چۆچۈپ كەتكەن ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئاداۋەت قىلغان ئىدى، چۈنكى يەھۇدىيلار ئىلاھىي كىتابنىڭ ئىگىسى بولۇشقا ۋە ئىچىدىن پەيغەمبەر چىقىشقا ئۆز قەۋمىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلاتتى، شۇڭلاشقا ئۇلار ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ ئەرەبلەردىن تاللانغانلىقىغا چىدىمىغان. مۇشرىكلار بولسا، ئىسلامنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنى ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارىغان، شۇڭا بۇلارمۇ چىدىمىغان. بۇ ئايەتتە مەزكۇر ئىككى كافىر پىرقىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىچىدە ساقلىغان ھەسەتخورلۇق، بۇزۇق نىيەت ۋە يامان ئارزۇلىرى بىلدۈرۈلىدۇ، ئۇلار ياقتۇرمىسىمۇ ئاللاھ تائالا رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشتا ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە ھۆكمىگە رازى بولمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ساقلىغان ئاداۋەت ۋە مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى ئارزۇ - ئارمانلىرى بىلدۈرۈلۈپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 106-ئايەت) قۇرئاننىڭ مەنبە قىلىنىشى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ھېكمەت ئەمەلدىن قالدۇرۇش (نەسخ)مَا نَنْسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنْسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِنْهَا أَوْ مِثْلِهَا ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەر قانداق بىر ئايەتنى(ئۇنىڭ ھۆكمى ياكى تىلاۋىتى جەھەتتىن) ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. سەن ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ[29] قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
لۇغەتتە بىر نەرسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر نەرسىنى تۇرغۇزۇش، بىر نەرسىنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش، ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش دېگەن مەنىلەردىكى «نەسخ» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن «مەنسۇخ» كەلىمىسى ئەسلىدە مەجھۇل سۈپەتداش بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بىكار قىلىنغان، ئىناۋەتسىز قىلىنغان، يوققا چىقىرىلغان دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «مەنسۇخ»نىڭ ئىستىلاھى (ئاتالغۇ) مەنىسى «يېڭى بىر ئايەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەت» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇرۇن نازىل قىلغان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ھۆكمى «مەنسۇخ» قىلىنغان ئايەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئىچىدىمۇ بار بولۇپ، بۇ ھەقتە 16 - سۈرە (نەھل)نىڭ 101 - ۋە 102 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە مەدەتكار يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق دوست ۋە مەدەتكارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلمەمسەن؟ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ۋەلىي[30] ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
يېقىنلىق، دوستلۇق، نۇسرەت، ۋارىسلىق، ئارقىمۇئارقا، ئىگىدارچىلىق، يانمۇيان قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدىغان ۋەلائـ (ولاء) سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن «ۋەلىي - ولي، (كۆپلۈك شەكلى ئەۋلىيا - أولياء)» كەلىمىسى يېرىم سۈپەتداش بولۇپ، بەزىدە ئېنىق سۈپەتداشنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاغدا مەنىسى يېقىنلاشقۇچى، دوست تۇتقۇچى، قوغدىغۇچى، ھىمايە قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى، ۋارىس بولغۇچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بەزىدە مەجھۇل سۈپەتداشنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاغدا مەنىسى يېقىنلىشىلغۇچى، دوست تۇتۇلغۇچى، قوغدالغۇچى، ھىمايە قىلىنغۇچى، باشقۇرۇلغۇچى، مىراسى ئېلىنغۇچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. «ۋەلىي» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەندە ئېنىق سۈپەتداشنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ھەقىقىي مەنىسىدە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ئاللاھتىن باشقىسىنى ۋەلىي قىلىۋېلىشنىڭ شېرىك ۋە كۇفۇر بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. «ۋەلىي» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنىڭ سۈپىتى بولۇپ كەلگەندە، ئېنىقلىغۇچىسىغا (مۇزافۇن ئىلەيھىگە) قارىلىدۇ: ئەگەر ئېنىقلىغۇچىسى ئىنسان بولسا، مەجازىي مەنىسىدە، ئېنىق سۈپەتداش مەنسىدە ۋە مەجھۇل سۈپەتداش مەنىسىدە بولىدۇ، ﴿وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ ٧١﴾ - «مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بىر - بىرىلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر» دېگەن ئايەتتىكى «ۋەلىيلەر» بۇ مەنىدىدۇر. ئەگەر ئېنىقلىغۇچىسى لەۋزى جەلال (ئاللاھ) بولسا ھەقىقىي مەنىسىدە ۋە مەجھۇل سۈپەتداش مەنىسىدە بولىدۇ، ﴿أَلَآ إِنَّ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٦٢﴾ «ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرىگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ» دېگەن ئايەتتىكى «ۋەلىيلەر» بۇ مەنىدىدۇر. يەنى «ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرى» دېگەنلىك ئاللاھ تەرىپىدىن دوست تۇتۇلغان، ھىمايە قىلىنغان ۋە قوغدالغان، ئاللاھ ئۆزىگە يېقىن قىلغان كىشىلەر دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدا بۇلارنى قىسقىلا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ ٦٣﴾ «ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان كىشىلەردۇر». بۇ سۈرە (بەقەرە)نىڭ 3 -، 4 - ۋە 177 - ئايەتلىرىدە بولسا، ئىمان ئېيتىشنىڭ ۋە تەقۋادار بولۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ھەقىقەت ئەنە شۇنداق ئاشكارا تۇرۇقلۇق قۇرئاندىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ۋەلىي (ئەۋلىيا) - كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقە - ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلەيدىغان، كىشىلەرنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەلەيدىغان، ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ۋاسىتە بولالايدىغان، ئۇچالايدىغان، ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھامان ھازىر بولالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كىشى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنماقتا، ھەتتا ئېتىقاد قىلىنماقتا. بۇ ئېتىقاد قۇرئان كەرىمگە خىلاپتۇر. ئىسلام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە غەيبنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى، ئۆزىگە ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالا تەرەپتىن قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى ئوچۇق - ئاشكارا بايان قىلىنماقتا. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ تُرِيدُونَ أَنْ تَسْأَلُوا رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِنْ قَبْلُ ۗ وَمَنْ يَتَبَدَّلِ الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن سوئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سوئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار ئىلگىرى مۇساغا تەلەپ قويغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا تەلەپ قويماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن تايغان بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى سىلەر رەسۇلۇڭلارغا ئىلگىرى مۇساغا قويۇلغاندەك تەلەپلەرنى قويماقچىمۇ؟ كىم ئىماننى كۇفرىغا تېگىشىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن ئاخىرقى ئەلچىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆز ۋاقتىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەبلىغ قىلاتتى (ئىنسانلارغا قۇرئاننى يەتكۈزەتتى). ئۇنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئىمان ئېيتقان بولسىمۇ، ئەھلى كىتاب ۋە بىر قىسىم جاھىل مۇشرىكلار ئىمان ئېيتمىغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئىنكارىغا باھانە تېپىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەزى تەلەپلەرنى قويغان. مەسىلەن: ئەھلى كىتاب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىرەر كىتاب چۈشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. مۇشرىكلار: «ئى مۇھەممەد ساڭا ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن بىزگە زېمىندىن بۇلاق ئېتىلدۇرۇپ چىقارغىن، ياكى سېنىڭ خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك بېغىڭ بولۇپ، دەرەخلىرىنىڭ ئارىلىرىدىن ئۆستەڭلەر ئاقسۇن، ياكى ئاسماننى پارچە - پارچە قىلىپ ئۈستىمىزگە چۈشۈرگىن، ياكى ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلگىن، ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن ئاسمانغا چىقىپ بىرەر كىتاب ئېلىپ چۈشكىن» دېگەن مەنىدىكى تەلەپلەرنى قويغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەنە شۇنداق تەلەپلەرنى قويغان جاھىللارغا بۇ تەلەپلىرىنىڭ «ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلىك» بولىدىغانلىقىنى يەنى ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلىگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەسلى نىيىتىنى پاش قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئىسلامدا بىلىۋېلىش، ئۆگىنىۋېلىش ۋە چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن سوئال سوراش ئەيىبلەنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سوئال سورايدىغانلىقى ۋە بېرىلىشى كېرەك بولغان جاۋابلار زىكىر قىلىنىدۇ. «ئۇلار سەندىن مەست قىلغۇچى نەرسىلەر ۋە قىمار توغرۇلۇق سورايدۇ»، «ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار توغرۇلۇق سورايدۇ»، «يېتىملەر توغرۇلۇق سورايدۇ» دېگەن مەنىدىكى سوئاللارنى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان جاھىللارغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ جاھىللىقىغا باھانە تېپىش ۋە سوئال سورالغان تەرەپنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەلسە - كەلمەس سوئاللارنى سوراش چەكلىنىدۇ. بۇنداق سوئاللار ئەسلىدە سوئال ئەمەس، ئورۇنسىز تەلەپتۇر. ئۆز ۋاقتىدا بەنى ئىسرائىل مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇنداق تەلەپلەرنى قويۇپ ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە لەنىتىگە يولۇققان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئۇممىتىنى ئۇلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن توسىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَدَّ كَثِيرٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَوْ يَرُدُّونَكُمْ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِكُمْ كُفَّارًا حَسَدًا مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْحَقُّ ۖ فَاعْفُوا وَاصْفَحُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر (يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغىچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىگە ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئىچ-ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى پەرمانى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەھلى كىتابتىن نۇرغۇن كىشىلەر ھەق ئۆزلىرىگە ئېنىق ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئىچ - ئىچىدىن ھەسەت قىلىپ، سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ قايتا كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار[31]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەپۇ «عفو» قىلىش، يامانلىققا جازا بەرمەسلىك دېگەن بولىدۇ، سەفھى «صفح» قىلىش - يامانلىق قىلغۇچىنىڭ يامانلىقىنى يوق ھېسابلاش، ئۇنىڭغا يامانلىق قىلمىغاندەك مۇئامىلە قىلىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە يېڭى بەت ئېچىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش» بۇ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بىرەر ياخشىلىق چۈشۈرۈلۈشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامدىن يېنىپ، قايتا كافىر بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى ئىدى، چۈنكى يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام بىلەن مۇشەررەپ بولۇشىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشىگە چىدىمىغان ئىدى. «ھەسەتخورلۇق» ناچار ئىللەتلەردىن بىرى بولۇپ، مەنىسى «بىراۋنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭدىن ئۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلماق» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتتە، يەھۇدىيلارنىڭ مەزكۇر ئارزۇ - ئىستەكلىرىنىڭ سەۋەبىنىڭ «ھەسەتخورلۇق» ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ھەسەتخورلۇقنىڭ خاراكتېر مەسىلىسى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتقا چىدىماسلىقىمۇ «ھەسەتخورلۇق» ئۇقۇمى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئايەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار، ئاللاھ ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلىشقا ۋە ئۇلارغا كەڭ قورساق بولۇشقا بۇيرۇلۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەڭ ھىيلىگەر دۈشمەنلىرى ئالدىدىمۇ ئاساسىي ئەخلاق پرىنسىپىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى باشتا يەھۇدىيلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا بۇيرۇغان، لېكىن مەلۇم مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنى ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنچ سېلىپ مەدىنىدىن چىقىرىۋەتكەن. نەتىجىدە يەھۇدىي مەسىلىسى ھەل بولغان. مانا بۇ «ئاللاھنىڭ ئەمرى»دۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تاپىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە، يەھۇدىيلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىچىدە ساقلىغان ئارزۇلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ مەلۇم مۇددەتكىچە ئۇلارغا قارشى قانداق پوزىتسىيەسىدە بولۇشى لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ۋە باشقا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يەنى ئىسلام ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ. ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىپ، ئۇلارغا ياخشى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئالدىنقى ئايەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتا دۈشمەنلەرگە قىلىشى كېرەك بولغان ۋاقىتلىق مۇئامىلە بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، مۇسۇلمانلار جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا، شۇنداقلا روھىنى پاكلاش، نەپسىنى تەربىيەلەش ۋە ئىمانىنى كۈچەيتىشكە بۇيرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا لَنْ يَدْخُلَ الْجَنَّةَ إِلَّا مَنْ كَانَ هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ تِلْكَ أَمَانِيُّهُمْ ۗ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم (يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېيىشتى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولمىغان ئادەم ھەرگىز جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا): «ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
يەھۇدىيلار: «جەننەتكە پەقەت يەھۇدىي بولغان كىشىلەرلا كىرىدۇ» دېدى، ناسارالار: «جەننەتكە پەقەت ناسارا بولغان كىشىلەرلا كىرىدۇ» دېدى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق خىياللىرىدۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار!». — ئەنەس ئالىم
(111-112) ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ باشقا بىر يېرىدە يەھۇدىيلارنىڭ: «بىز دوزاخ ئوتىدا ساناقلىق بىرقانچە كۈنلا كۆيۈمىز» دېگەن دەۋاسىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارغا رەددىيە بەرگەن، ئاندىن دوزاخقا كىملەرنىڭ كىرىپ مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى ۋە جەننەتكە كىملەرنىڭ كىرىپ مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يەردە بولسا، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلاردىن ھەر بىرىنىڭ: «جەننەتكە بىزلا كىرىمىز» دېگەن مەنىدىكى دەۋاسىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ، ئاندىن جەننەتكە كىملەرنىڭ كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۈرىنىڭ 95 - ئايىتىدە ئۇلارغا «ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش» تەكلىپى سۇنۇلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلَىٰ مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياق، ئۇنداق ئەمەس! كىمكى سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالَتِ الْيَهُودُ لَيْسَتِ النَّصَارَىٰ عَلَىٰ شَيْءٍ وَقَالَتِ النَّصَارَىٰ لَيْسَتِ الْيَهُودُ عَلَىٰ شَيْءٍ وَهُمْ يَتْلُونَ الْكِتَابَ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ مِثْلَ قَوْلِهِمْ ۚ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇيدۇ، بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك دېدى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار: «ناسارالار توغرا يولدا ئەمەس» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلار توغرا يولدا ئەمەس» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك (بىزدىن باشقىلار توغرا يولدا ئەمەس) دېدى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېدى. ھالبۇكى، ھەر ئىككى تەرەپ كىتابنى ئوقۇيدۇ. بىلمەيدىغانلارمۇ بىر -بىرلىرى توغرىسىدا شۇنداق گەپلەرنى قىلىشتى. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار كېلىشەلمىگەن نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەيدۇ، تەۋراتتا بېشارەت بېرىلگەن «مەسىھ»نىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە كېلىدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە ئۇلار ھەققىدە: «خىرىستىيانلار ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ» دەيدۇ. خىرىستىيانلار يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن كافىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە ئۇلار ھەققىدە: «يەھۇدىيلار ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ» دەيدۇ. بۇ تالاش - تارتىشلاردىن ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت ۋە مۇتەئەسسىپلىك پەيدا بولغان بولۇپ، ئىش بىر - بىرىنىڭ دىنىغا تەنە قىلىش ۋە بىر - بىرىنى «ھەقتىن ھېچ نەرسىگە ئاساسلانمايدۇ» دەپ ئەيىبلەش سەۋىيەسىگە يەتكەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى قولىدىكى ئىلاھىي كىتابنى ئوقۇيدۇ، ئوقۇغان كىتابلىرى ئۇلارنى بۇنداق دېيىشتىن توسىدۇ، چۈنكى ئىلاھىي كىتابلار بىر - بىرىنى تەستىقلايدۇ. دەرۋەقە يەھۇدىيلار تەۋراتنى ئوقۇيدۇ، لېكىن تەۋراتتا بېشارەت بېرىلگەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەسلىك بىلەن ئۆز كىتابى بولغان تەۋراتقا خىلاپلىق قىلىدۇ. خىرىستىئانلار ئىنجىلنى ئوقۇيدۇ، لېكىن ئىنجىل تەستىقلايدىغان تەۋراتنى دەلىل ھېسابلىمايدۇ. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇ دىنغا تولۇق ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغان. ئەسلىدە بۇ ئىككى پىرقىنىڭ دىنى بىر بولسىمۇ بىرى دىننىڭ ئاۋۋىلىنى، يەنە بىرى ئاخىرىنى تەرك ئەتكەن، ھېچبىرى ئۇ دىنغا تولۇق ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغان. «بىلمەيدىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئوخشىشىنى دېدى»، يەنى ئەھلى كىتاب ئۆزىگە مۇخالىپ بولغانلار ھەققىدە «توغرا دىندىن ھېچ نەرسە ئۈستىدە ئەمەس» دېگەندەك، ئەھلى كىتابتىن باشقا پىرقىلەرمۇ بىر - بىرى ھەققىدە «ھېچ نەرسىگە ئاساسلانمايدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزلەرنى قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار بىلەن بۇلارنىڭ يەنى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلار بىلەن باشقا پىرقىلارنىڭ قەلبلىرى ئەگرىلىك ۋە گۇمراھلىقتا ئوخشىشىپ كەتتى. بۇ ئايەت ئىلاھىي كىتاب ئوقۇغان يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىشى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىدە بىرەر شۈبھە بولغانلىقتىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئوقۇغان كىتابقا ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىغانلىقتىن بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان، باشقىلار بىلمەستىن ئىنكار قىلغان. نەتىجە ئوخشاشلا ئىنكار بولسىمۇ ئەھلى كىتاب ئۆزىنى ئىلىمسىزلەر بىلەن تەڭ تۇتۇپ ئىلمىگە لايىق ئىش قىلمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى كىتاب بارلىق ئىنسانلارنىڭ قاتارىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشكە بۇيرۇلغاندىن كېيىن، ئۆز كىتابلىرى بولغان تەۋرات ۋە ئىنجىلغا، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ئاخىرقى كىتاب قۇرئانغا ئەمەل قىلىشقا ئالاھىدە بۇيرۇلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت تۆۋەندىكىچە: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الرَّسُولُ بِالْحَقِّ مِن رَّبِّكُمْ فَآمِنُوا خَيْرًا لَّكُمْ وَإِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا١٧٠﴾ «ئى ئىنسانلار! بۇ رەسۇل سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەقنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا ئىمان ئېيتىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». ﴿قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَسْتُمْ عَلَى شَيْءٍ حَتَّى تُقِيمُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ ٦٨﴾ «ئېيتقىنكى، ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، ھېچ نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر». بۇ ئىككى ئايەت كۆرسىتىدۇكى، ئەسلىدە ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار بىلەن خىرىستىيانلار)نىڭ ۋە باشقا كافىرلارنىڭ ھېچبىرى ھېچقانداق دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىرلا چىقىش يولى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئاخىرقى ئىلاھىي كىتاب بولغان قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشتۇر، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر، قۇرئان كەرىم ئىلگىرى نازىل قىلىنغان پۈتۈن ئىلاھىي كىتابلارنى مەنسۇخ قىلىدىغان ئاخىرقى كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ مَنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَنْ يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَىٰ فِي خَرَابِهَا ۚ أُولَٰئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَنْ يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇ مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (ئەسلىدە) مەسجىدلەرگە پەقەت ئاللاھتىن قورققان ھالدىلا كىرسە بولاتتى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىلى قويمىغان[32] ۋە ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار ئۇ مەسجىدلەرگە قورقۇپ كىرىشى لازىم ئىدى. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
«مەسجىد (كۆپلۈك شەكلى مەساجىد)» - لۇغەتتە «سەجدە قىلىنىدىغان جاي» دېگەن بولۇپ، دىنىي تېرمىنولوگىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ جەم بولۇپ ناماز ئوقۇيدىغان ئىبادەتخانىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە مەسجىدنىڭ چوڭلىرى «بىر يەرگە جەم قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە «جامىئـ - جامە» دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن قۇرئان كەرىمدە چوڭ - كىچىك ھەممىسى «مەسجىد» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ھەممىسىنىڭ ئاللاھقا ئائىت ئىكەنلىكى، ھەر ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا كىرىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ مەسجىدلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىنى يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنىشىنى توسقان، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خارابلىشىشى ئۈچۈن ئۇرۇنغان ئادەملەرنىڭ ئەڭ زالىم ئادەم بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك جازاغا دۇچار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 115-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى قىبلەوَلِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا فَثَمَّ وَجْهُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ (يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتى) ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن كەرىمى كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. قەيەرگە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[33]. — ئەنەس ئالىم
قۇياشنىڭ ھەر كۈنى چىقىدىغان تەرىپى ۋە پاتىدىغان تەرىپى پەرقلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك، يازدا چىقىدىغان تەرەپلىرى بىلەن قىشتا چىقىدىغان تەرەپلىرىمۇ پەرقلىق، يازدا پاتىدىغان تەرەپلىرى بىلەن قىشتا پاتىدىغان تەرەپلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ، شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارغا ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن «مەشارىق - مەشرىقلەر»، «مەغارىب - مەغرىبلەر»، «مەشرىقەين - ئىككى مەشرىق» ۋە «مەغرىبەين - ئىككى مەغرىب» دېگەن كەلىمىلەر ئۆتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتىكى «مەشرىق» ۋە «مەغرىب» كەلىمىلىرى بارلىق كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشلەرنى، شۇنداقلا يەر يۈزىنىڭ ھەممە تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يەر يۈزىنىڭ بىر تەرىپىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن ئۈستۈنلۈكى يوقتۇر. ئەسلىدە يەر يۈزى بىر پۈتۈن ھالدا ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئىنسانلار ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانىغا ئوخشايدۇ. مۇھىمى قەيەردە ئىبادەت قىلىش، قەيەرگە يۈز كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئەمەس، ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىشتۇر. ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىش - ئاللاھ قاچان، قەيەردە، قانداق ئىشنى قانداق شەكىلدە قىلىشقا ئەمر قىلغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئاللاھ ئەمر قىلغان بويىچە، پەقەت ئاللاھ رىزاسىنىلا كۆزلەپ ئەستايىدىل ئادا قىلىشتۇر. ناماز ئەسناسىدا قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ رەببى ۋە ئىلاھى بىر، يولى ۋە مەنزىلى بىر، ئېتىقادى ۋە ئەمىلى ئوخشاش ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، بۇ ئايەت نامازنى يەر يۈزىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، قىبلە قايسى تەرەپكە ئۇدۇل كەلسە شۇ تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ئۆتەشنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى بەزىلەرنىڭ قىبلىسى شەرقكە، بەزىلەرنىڭ قىبلىسى غەربكە، بەزىلەرنىڭ قىبلىسى شىمالغا، بەزىلەرنىڭ قىبلىسى جەنۇبقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىشتا مۇھىمى تەرەپ ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. بۇ ئايەت يەنە قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن كىشى ئېنىقلاپ كۆڭلىدە كۈچلۈك بولغان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئۆتىسە بولىدىغانلىقىنى ۋە كېسەللىك، يولۇچىلىق، ئۇرۇش ئۈستىدە بولۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن بىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشى قىيىن، خەتەرلىك ياكى ئىمكانسىز بولغانلار مۇمكىن بولغان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئۆتىسە بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇ (115 -) ئايەت ئالاھىدە ئەھۋاللاردا مۇمكىن بولغان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئۆتەش ھەققىدىكى رۇخسەتنى، بۇ سۈرىنىڭ 144 - ۋە 150 - ئايەتلىرى نورمال ئەھۋاللاردا نامازنى قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ ئۆتەشنىڭ پەرزلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 116-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى شېرىك تەۋھىد بۇرمىلانغان ئېتىقادلارغا تەنقىدوَقَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۖ بَلْ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ كُلٌّ لَهُ قَانِتُونَ
ئۇلار (يەھۇدىيلار، ناسارالار، مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن) پاكتۇر. ئۇنداق ئەمەس، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ*[1]. ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېدى. ياق، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممىسى ئاللاھقا بويسۇنماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(116-117) يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەيتتى، خىرىستىيانلار: «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەيتتى، مۇشرىك ئەرەبلەر: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەيتتى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېگەن بولاتتى. بۇ ئىككى ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىغا رەددىيە بېرىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇلار بۇ ناشايان سۆزنى قىلدى. ئەمەلىيەت ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەس، بالىسى بولۇش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ. ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلماقتىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن قانۇنلارغا بويسۇنماقتىدۇر، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ۋە مۈلكىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ بىلەن ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچبىرى ئوتتۇرىسىدا ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋىتى يوقتۇر، ئەكسىچە خالىق - مەخلۇقلۇق ۋە ئىگە - مۈلۈكلۈك مۇناسىۋىتى باردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 117-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىبَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
ئاللاھ ئاسمانلار ۋە زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچىدۇر. ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ بىرەر نەرسە ياراتماقچى بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت: «بول!» دەيدۇ، ئۇ بولىدۇ[34]. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ لَوْلَا يُكَلِّمُنَا اللَّهُ أَوْ تَأْتِينَا آيَةٌ ۗ كَذَٰلِكَ قَالَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ مِثْلَ قَوْلِهِمْ ۘ تَشَابَهَتْ قُلُوبُهُمْ ۗ قَدْ بَيَّنَّا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
بىلمەيدىغانلار (قۇرەيش كاپىرلىرى): «ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن بىزگە (راست پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىلى سۈپتىدە) بىرەر مۆجىزە كەلمەيدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىلىمسىزلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى): «ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىزگە گەپ قىلمايدۇ؟ ياكى نېمە ئۈچۈن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلمەيدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ـ بىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىزنى شەكسىز ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلمەيدىغانلار: «ئاللاھ نېمـە ئۈچۈن بىزگىمۇ گەپ قىلمايدۇ ياكى نېمـە ئۈچۈن بىزگىمۇ ئايەت[35] ئەۋەتمەيدۇ؟» دېدى. بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ شۇنداق دېيىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بىر -بىرىگە ئوخشىشىپ كەتتى، بىز جەزمەن ئىشىنىدىغانلارغا ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق قەبىھلىكلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇلار قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى ئالدىدا ئاغزى تۇۋاقلانغان بولسىمۇ ئىمان ئېيتماسلىق ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەنە شۇنداق ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويغان. ئۇلارنىڭ بەزىسى: «ئى مۇھەممەد! پەيغەمبەر بولىدىغان بولساڭ، بۇنى نېمىشقا ئاللاھ ئۆزى بىۋاسىتە ئېيتىپ بىزگە خەۋەر قىلمايدۇ؟» دېگەن، بەزىسى: «ئى مۇھەممەد! پەيغەمبەر بولىدىغان بولساڭ، نېمىشقا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر كەلتۈرگەندەك، بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمەيسەن؟» دېگەن. ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپلىرى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ (118 -) ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپنى قويغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى جاھىللارنىڭمۇ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە شۇنداق تەلەپلەرنى قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، جەزمەن ئىشىنىدىغانلارغا ئايەتلەرنى بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەر ئەسلىدە بارلىق ئىنسانلارغا بايان قىلىنغان بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ئىمان توغرىسىدا كۈچلۈك دەلىل ئىزدىگەنلەرگە بايان قىلىنغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا بىر ئايەتتە «ئۇلارغا قۇرئاننى نازىل قىلغانلىقىمىز كۇپايە قىلمامدۇ؟» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 119-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەرإِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۖ وَلَا تُسْأَلُ عَنْ أَصْحَابِ الْجَحِيمِ
بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز سېنى خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن دوزاخ ئەھلى توغرىسىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، شۇنداقلا ۋەزىپىسىنىڭ ھەقكە ئىشەنگەن ۋە ئەگەشكەنلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش، ئىشەنمىگەن ۋە يامان ئىش قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى، يۇقىرىدىكى باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئىمان ئېيتمىغان جاھىللارنىڭ كۇفرىلىقى توغرىسىدا قىيامەت كۈنى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَنْ تَرْضَىٰ عَنْكَ الْيَهُودُ وَلَا النَّصَارَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۗ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَ الَّذِي جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر». ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە، ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ساڭا ئىلىم (قۇرئان) كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىچە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر». ئەگەر سەن، ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق ۋەلىي[36] ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ۋە يەتكۈزگەن. يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئەڭ باشتا ئۇ ھەقنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىشى كېرەك بولغان تۇرۇقلۇق، ئۇلار ئۇ پەيغەمبەرگە ھەسەت قىلىپ ئىشەنمىگەن ۋە ئىشەنگەنلەرنىڭ قايتا كافىر بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان، ھەتتا ئۇلار (يەھۇدىي ۋە ناسارلار) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىشىنى خۇشاللىنارلىق ئىش دەپ ئويلىغان ۋە ئەمەلگە ئېشىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن. ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى «ئاللاھنىڭ يولىنىڭلا توغرا يول» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن تەقدىردە تارتىدىغان زىيىنىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئى مۇھەممەد! سەن ئەتراپىڭدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ دىنىي يولىغا ئەگەشمىگىچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ مەمنۇن بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇ غايىسىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خۇسۇسەن ئۇلارغا، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئېيتقىنكى: «توغرا يول پەقەتلا بىردۇر، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن كۆرسەتكەن يول ئەنە شۇ يولدۇر. سىلەرنىڭ يولۇڭلار باتىل يولدۇر». ئى مۇھەممەد! سەن ئۆزۈڭگە بۇ ھەقنىڭ نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ناۋادا ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچبىر دوستۇڭ ۋە ھېچبىر ياردەمچىڭ بولمايدۇ. بۇ ئايەتتىن ئېلىنىدىغان يوليورۇقلار: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭ - بۇنىڭ ياكى بىرەر گۇرۇھنىڭ مەمنۇنلۇقىنى قازىنىش ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنىڭلا رازىلىقىنى كۆزلەپ ياشاش بولۇپ، بۇ مەزكۇر «توغرا يول» ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ياكى قانداقلا بىر كافىرنىڭ ئارزۇسىغا ئەگىشىش بىلەن توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش بىر - بىرىگە زىت بولۇپ، ئۇلار بىر كىشىدە ھەرگىزمۇ جەم بولمايدۇ. ئۇلارنى جەم قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ دوستلۇق ۋە ياردىمىدىن مەھرۇم قالىدۇ، غەزەپ ۋە ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كافىرلارنى دوست تۇتۇش چەكلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَتْلُونَهُ حَقَّ تِلَاوَتِهِ أُولَٰئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۗ وَمَنْ يَكْفُرْ بِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىملەركى كىتابنى (قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار كىتابنى تەلەپكە لايىق ئوقۇيدۇ، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىمدىكىم كىتاب (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى ئۆز لايىقىدا تىلاۋەت[37] قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ئۇ كىتابقا ئىشىنىدۇ. كىمكى ئۇ كىتابقا كافىر بولىدىكەن، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
«كىتاب بېرىلگەن كىشىلەر»، «ئەھلى كىتاب» ۋە «بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر» ئىپادىلىرىدىكى «كىتاب» - ئاللاھنىڭ كىتابىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ «كىتابنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلماق» - ئۇنىڭ لەۋزىنى توغرا ئوقۇماق، مەنىسىنى لايىقىدا چۈشەنمەك، ھۆكۈملىرىگە ئەستايىدىل بويسۇنماق ۋە خەۋەرلىرىگە جەزمەن ئىشەنمەك دېمەكتۇر، چۈنكى «تىلاۋەت»نىڭ ئەسلىي مەنىسى ئەگەشمەكتۇر. ئاللاھ ئاتا قىلغان بىرەر كىتابنى بۇ شەكىلدە تىلاۋەت قىلغانلار ھەم ئۇ كىتابقا ئىشەنگەن بولىدۇ، ھەمدە ئاللاھنىڭ باشقا كىتابلىرىغا ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئىلاھىي كىتابلار بىر - بىرىنى تەستىقلايدۇ. بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن قولىدىكى ئىلاھىي كىتابنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىش لازىم. قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت ۋە نۇر بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت «تەقۋادارلارغا ھىدايەت» بولغاندەك، ئىلگىرىكى كىتابلارمۇ نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرگە بېرىلگەن. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرىكى كىتابلار نازىل قىلىنغان كىشىلەر تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىپادە بىلەن ئاتىلىدۇ: 1) «كىتاب بېرىلگەن كىشىلەر - الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ»، 2) «ئەھلى كىتاب - أَهْل الْكِتَابِ»، 3) «بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر - الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ». مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە «كىتاب بېرىلگەن كىشىلەر»دىن كىتابنى ئوبدان بىلىدىغان، لېكىن ئۇنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلمايدىغان يامان ئۆلىمالار ۋە ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغان «ئۇممىيلار» مەقسەت قىلىنىدۇ. «ئەھلى كىتاب»تىن كىتابىنى ئوبدان بىلىدىغان، لېكىن ئۇنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلمايدىغان يامان ئۆلىمالار مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىككى گۇرۇھ (كىتاب بېرىلگەنلەر بىلەن ئەھلى كىتاب) دائىم ئەيىبلىنىدۇ ۋە تەنقىدلىنىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن «بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر - الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ» دەپ ئاتالغانلارغا كەلسەك، ئۇلاردىن ئاساسەن كىتابنى ئوبدان بىلىدىغان ۋە ئۇنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىدىغان ئاز سانلىق ياخشى ئۆلىمالار مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇڭا بۇلار ماختىلىدۇ ۋە مەدھىيەلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدىغانلار، مۇئمىنلار سوئال سوراشقا بۇيرۇلغان «ئەھلى زىكىر» ۋە «قۇرئاننىڭ راستلىقىنى بىلىشى جاھىللارغا قارشى دەلىل بولغان «بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرى»مۇ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىكى ئەنە شۇ ئاز سانلىق ياخشى ئۆلىمالارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ سۈرە (بەقەرە) نىڭ 109 - ئايىتىدە «ئەھلى كىتابنىڭ كۆپىنچىسى سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ياندۇرۇپ كافىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دەپ، بۇ ئاز سانلىق كىشىلەر ئىستىسنا قىلىنغان. بۇ سەۋەبتىن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بىز كىتاب بەرگەن ئاز سانلىق ئوبدان كىشىلەر ئۇ كىتابنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلىدۇ. ئۆز كىتابىنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلغان ئۇ كىشىلەر بۇ كىتابقا (قۇرئانغا) ئىشىنىدۇ. ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى لايىق رەۋىشتە تىلاۋەت قىلمىغانلار ئۇ كىتابقا ئىشەنگەن بولمايدۇ، شۇنداقلا كافىر ھېسابلىنىپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ اذْكُرُوا نِعْمَتِيَ الَّتِي أَنْعَمْتُ عَلَيْكُمْ وَأَنِّي فَضَّلْتُكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) ھەممە جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ۋە ئەينى ۋاقىتتا سىلەرنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئەسلەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ۋە ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار. — ئەنەس ئالىم
(122-123) بۇ ئىككى ئايەت، 47 - ۋە 48 - ئايەت بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىزاھلار شۇ يەردە بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا تَنْفَعُهَا شَفَاعَةٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
بىراۋغا بىراۋ قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا قىلمايدىغان، ئۇلارغا (يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكارلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
بىر ئادەم بىر ئادەمگە قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدىغان، ئۇلارغا (كافىرلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمگە شافائەتنىڭ[38] پايدىسى بولمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذِ ابْتَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ رَبُّهُ بِكَلِمَاتٍ فَأَتَمَّهُنَّ ۖ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامًا ۖ قَالَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي ۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهْدِي الظَّالِمِينَ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمىرلەر (شەرىئەت تەكلىپلىرى) بىلەن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە (دىندا) پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «مېنىڭ (پېشۋا قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار (يەنى كاپىرلار) ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە پەرمان بىلەن سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. ئاللاھ (ئۇنىڭغا): «سېنى چوقۇم كىشىلەرگە پېشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پېشۋا قىلساڭ» دېدى. ئاللاھ: «يامان ئىش قىلغۇچىلار مېنىڭ بۇ ۋەدەمگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى رەببى بىرقانچە كەلىمە[39] بىلەن سىنىغان ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى تولۇق ئورۇنداپ بولغاندا رەببى ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «نەسلىمدىنمۇ...» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئەھدىم زالىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە ھاياتى ۋە تەبلىغ پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىدۇر ۋە ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كەلگەن ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قىيىن ئىشلارغا بۇيرۇلۇپ سىناق قىلىنغان ۋە سىناقتىن ياخشى ئۆتكەن. بۇ ئايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سىناقتىن ئۆتكەنلىكى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ ئاللاھتىن «نەسلىمدىنمۇ ئىنسانلارغا يېتەكچى چىقارغىن» دەپ تىلىگەن تىلىكىنىڭ تولۇق قوبۇل قىلىنمىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلىدۇ، چۈنكى بۇ مەرتىۋىگە پاك ئىمان، ياخشى ئەمەل ۋە كېرەكلىك تىرىشچانلىق بىلەن لايىق بولغانلارلا يېتەلەيتتى. ھالبۇكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن ئۇ مەرتىۋىگە لايىق بولمىغان زالىملارمۇ چىقاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇ ئايەتتە مەزكۇر تىلىكىنىڭ تولۇق قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە نەسلىدىن زالىم چىقىدىغانلىقىنىمۇ خەۋەر قىلغان بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دۇچ كەلگەن سىناقلار: بۇتپەرەس ۋە يۇلتۇزپەرەس مۇشرىكلار بىلەن كۈرەش قىلىش، بەزى مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئوتقا تاشلىنىش، ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان بىر زالىم پادىشاھ (نەمرۇد) بىلەن مۇنازىرىلىشىش، ھىجرەت قىلىش، ئايالى ۋە بوۋاق ئوغلىنى قاقاس چۆل بولغان مەككىدە يالغۇز قويۇپ قويۇش، كېيىن بۇ ئوغلى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە يەتكەندە ئۇنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلۇش ۋە كەئبىنى بىنا قىلىش قاتارلىق ئىشلاردۇر. بۇ ئايەتتىكى «كەلىمىلەر» ئەنە شۇ ۋەقە ۋە ئەمرلەرنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ جَعَلْنَا الْبَيْتَ مَثَابَةً لِلنَّاسِ وَأَمْنًا وَاتَّخِذُوا مِنْ مَقَامِ إِبْرَاهِيمَ مُصَلًّى ۖ وَعَهِدْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ أَنْ طَهِّرَا بَيْتِيَ لِلطَّائِفِينَ وَالْعَاكِفِينَ وَالرُّكَّعِ السُّجُودِ
ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە تىنچ جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىز كەئبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاي ۋە ئامان – ئېسەن تۇرىدىغان جاي قىلىپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا ماقامى ئىبراھىمدا ناماز ئوقۇڭلار دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «مېنىڭ ئۆيۈم (كەئبەم)نى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە ئامانلىقتا بولىدىغان يەر قىلغان ۋە ئۇلارغا: «ئىبراھىمنىڭ ماقامىدىن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ناماز ئۆتەيدىغان جاي قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا: «ئۆيۈمنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇڭلار» دەپ تاپىلىغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مۇنۇ ئەھۋالنىمۇ بايان قىلغىن: بىز ئۆز ۋاقتىدا كەئبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان، ئىبادەت، تىجارەت ۋە تۈرلۈك توختاملار تۈزۈش ئۈچۈن جەم بولىدىغان تىنچ جاي قىلىپ بەرگەن ۋە ئۇ ئىنسانلارنى ئىبراھىم كەئبىنى سېلىش ئۈچۈن تۇرغان جايدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن ناماز ئۆتەيدىغان جاي قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدۇق. ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلغا: «مېنىڭ ئۆيۈم بولغان كەئبىنى ھەر تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى نىجاسەتلەردىن پاكلاپ تاۋاپ قىلىش، سەئيى قىلىش، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋە ناماز ئۆتەش ئۈچۈن تەييارلاڭلار» دەپ تاپىلىغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَٰذَا بَلَدًا آمِنًا وَارْزُقْ أَهْلَهُ مِنَ الثَّمَرَاتِ مَنْ آمَنَ مِنْهُمْ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ قَالَ وَمَنْ كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُ قَلِيلًا ثُمَّ أَضْطَرُّهُ إِلَىٰ عَذَابِ النَّارِ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (مەككىنى) تېنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى. ئاللاھ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) دوزاخقا ھەيدەيمەن» دېدى. (بۇ) نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت! — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ شەھەر (مەككىنى) تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېگەن ئىدى. ئاللاھ: «كافىرنىمۇ بۇ مېۋىلەردىن ئازغىنا مۇددەت (يەنى دۇنيادا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخ ئازابىغا مەجبۇرلايمەن. بۇ دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي-ھە!» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! بۇ يەرنى ئامان شەھەر قىلغىن. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن» دېگەن ئىدى. رەببى: «ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىمۇ ئازراق ۋاقىت مەنپەئەتلەندۈرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا ھەيدەيمەن. بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن يامان!» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مۇنۇ ئەھۋالنىمۇ بايان قىلغىن: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىزگە ئىلتىجا قىلىپ، كەئبىنى سالغان جاينى ئامان شەھەر قىلىشىمىزنى، ئۇنىڭ ئاھالىسىدىن لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە يەر يۈزىنىڭ مەھسۇلات ۋە مېۋىلىرىدىن رىزىق بېرىشىمىزنى تىلىگەن ئىدى. بىز بولساق، ئۇنىڭ بۇ تىلىكىگە كافىرلارنىمۇ بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىدا رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىزنى، قىيامەت كۈنى ئۇ كافىرنى دوزاخقا تاشلاپ ئازابلايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَاهِيمُ الْقَوَاعِدَ مِنَ الْبَيْتِ وَإِسْمَاعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى سېلىۋېتىپ: «ئى رەببىمىز! بىزنىڭ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇللىرنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىمىز! قىلغان بۇ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن! سەن چوقۇم ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن. — ئەنەس ئالىم
(127-129) ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مۇنۇ ئەھۋالنىمۇ بايان قىلغىن: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم، ئوغلى ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەئبىنىڭ ئۇللىرىنى كۆتۈرۈۋېتىپ، بىزگە مۇنداق دۇئا قىلغان ئىدى: «ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئۆز ئۆيىنى سېلىش خىزمىتىگە لايىق كۆرگەن ئىگىمىز - ئاللاھ! سېنىڭ رىزايىڭ ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەمىلىمىزنى قوبۇل قىلغىن! سەن ھەر سۆزىمىزنى ۋە بۇ دۇئايىمىزنى ئاڭلاپ تۇرىسەن. نىيەت ۋە ھەرىكەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىسەن يا رەب! ئى بىزنىڭ ئىگىمىز - ئاللاھ! بىز ئىككىمىزنى ھاياتىمىز بويىچە ساڭا ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئەمر - پەرمانلىرىڭغا بويسۇنۇشقا مۇيەسسەر قىلغىن، بىزنىڭ نەسلىمىزدىنمۇ ساڭا ئىتائەت قىلىدىغان ۋە ئەمر - پەرمانلىرىڭغا بويسۇنىدىغان بىر ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن، خاتالىشىپ قالغان چېغىمىزدا تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن ۋە قىلغان تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. سەن گۇناھكار بەندىلىرىڭنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ ئىنئام ئاتا قىلىدىغان يېگانە مەبۇدسەن يا رەب! ئى ئىگىمىز - ئاللاھ! ئۇ ئۇممەتكە ئۆز ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى ۋە كىتابىڭنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈم - ھېكمەتلەرنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى كۇفرى، شېرىك ۋە جاھالەت كىرلىرىدىن پاكلاپ ئىمان.، تەۋھىد ۋە ئىلىم نۇرىغا چىقىرىدىغان بىر ئەلچى ئەۋەتكىن. سەن خالىغىنىڭنى قىلىدىغان ۋە قىلغان ھەر ئىشىڭنى ھېكمىتىڭگە ئۇيغۇن قىلىدىغان يېگانە مەبۇدسەن يارەب!». ئەسكەرتىش: ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئىبادەتگاھى بولغان كەئبە تۇنجى ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ بار ئىدى، لېكىن ئۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى توپان بالاسىدا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، تاكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغىچە پەقەتلا ئۇللىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە ئۇنى شۇ ئۇللىرىنىڭ ئۈستىگە قايتا بىنا قىلغان، ئاندىن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھەجنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ھەج قايتا باشلانغان. 124 ~ 129 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل بىلەن مەككىدە ئېلىپ بارغان ئەنە شۇ پائالىيەتلەر، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان دۇئالىرى، ئوغلى ئىسمائىل بىلەن كەئبىنى بىنا قىلىۋېتىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرى، ئىككىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەئبىنى پاك تۇتۇشقا ئەمر قىلىنىشى قاتارلىق ئىشلار بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئەرەبلەردىن تاللاپ پەيغەمبەر قىلىشى ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 128 - ئايەتتىكى «ئۇممەت» كەلىمىسى باشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى (مىللىتى) ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ساھابىلىرىنى كۆرسەتسىمۇ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ دالالىتى بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئۇممەت» - قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك مەنىدىمۇ كېلىدۇ: 1) «ئۇممەت» كەلىمىسى، مەجبۇرىي بولسۇن ئىختىيارىي بولسۇن، مەلۇم ئىشتا بىرلەشكەن، بىر زاماندا ياكى بىر ماكاندا ياشىغان جامائە، توپلۇق، گۇرۇھ دېگەن مەنىلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا مِن دَآبَّةٖ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا طَٰٓئِرٖ يَطِيرُ بِجَنَاحَيۡهِ إِلَّآ أُمَمٌ أَمۡثَالُكُمۚ ... ٣٨﴾ «يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارلىق ھايۋانلار ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان بارلىق ئۇچارقاناتلار سىلەرگە ئوخشاشلا ئۈممەتلەردۇر». بۇ ئايەتتىكى «ئۇممەت» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى تەبىئىي ۋە مەجبۇرىي ھالدا ياشاش يولىدا بىرلەشكەن جامائە دېگەن بولىدۇ. ﴿كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ ... ٢١٣﴾ «ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى». بۇ ئايەتتىكى ئۇممەت بولسا بىر يول ئۈستىدە ئىختىيارى ھالدا بىرلەشكەن جامائە دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ «ئۇممەت» كەلىمىسى ئەنە شۇ مەنىدە كەلگەن. 2) مۇددەت مەنىسىدە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَئِنۡ أَخَّرۡنَا عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابَ إِلَىٰٓ أُمَّةٖ مَّعۡدُودَةٖ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحۡبِسُهُۥٓۗ ... ٨﴾ «ئەگەر بىز ئۇلاردىن ئازابنى چەكلىك بىر مۇددەتكىچە كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم: ‹ئۇ ئازابنى نېمە توسىدۇ؟› دەيدۇ». ﴿وَقَالَ ٱلَّذِي نَجَا مِنۡهُمَا وَٱدَّكَرَ بَعۡدَ أُمَّةٍ ... ٤٥﴾ «يۇسۇفنىڭ ھېلىقى ئىككى ئاغىنىسىنىڭ قۇتۇلغىنى ئۇزۇن بىر مۇددەتتىن كېيىن يۇسۇفنى ئەسلىدى». 3) ئۈلگە ئېلىنىدىغان كىشى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ كَانَ أُمَّةٗ ... ١٢٠﴾ «ئىبراھىم بىر ئۇممەت ئىدى». 4) - مەنىۋى يول دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بَلۡ قَالُوٓاْ إِنَّا وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٖ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم مُّهۡتَدُونَ ٢٢ وَكَذَٰلِكَ مَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ فِي قَرۡيَةٖ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتۡرَفُوهَآ إِنَّا وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا عَلَىٰٓ أُمَّةٖ وَإِنَّا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم مُّقۡتَدُونَ ٢٣﴾ «ياق! ئۇلار: ‹بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەرمىز› دېدى. شۇنىڭدەك بىز سەندىن ئىلگىرى قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ باياشاتچىلىق ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئادەملىرى: ‹بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭغۇچى كىشىلەرمىز› دېدى» . يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ھەر بىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلى بولۇش بىلەن ماختىناتتى ۋە ئۇنىڭ يولىدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلاتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلگەن ۋە ئۇنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەن. يۇقىرىدا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ غەلىتە ئەھۋالى بايان قىلىنغاندىن كېيىن يەنە بىرقانچە ئايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ساغلام ئەقىدىسى، سالىھ ئەمەللىرى، چىن ئىخلاسى، سەمىمىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ توغرا يول ئۈستىدە ياشىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، ئاندىن 130 ~ 134- ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يولىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئەيىبلىنىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسى ۋە دىنىي يولى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈلىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرىغا قىلغان ۋەسىيىتى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ۋە ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)نىڭ بوۋىسى بولغان يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بالىلىرىغا قىلغان ۋەسىيىتى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا قاتتىق رەددىيە بېرىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارغا نىجاتلىق يولى كۆرسىتىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 128-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش تۆۋە-ئىستىغپار دۇئا ئىبراھىمرَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً لَكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى تولىمۇ قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگىلا ئىتائەتمەن قىلغىن، نەسلىمىزدىنمۇ ساڭىلا ئىتائەت قىلىدىغان ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، تەۋبىلەرنى پەقەت سەنلا قوبۇل قىلغۇچىسەن، پەقەت سەنلا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن. — ئەنەس ئالىم
-
(2-سۈرە بەقەرە، 129-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت دۇئا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەلچى ۋە ئاخىرقى نەبىي ئىبراھىمرَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن...) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئى رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان بىر ئەلچى ئەۋەتكىن. شۈبھىسىزكى، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن». — ئەنەس ئالىم
-
وَمَنْ يَرْغَبُ عَنْ مِلَّةِ إِبْرَاهِيمَ إِلَّا مَنْ سَفِهَ نَفْسَهُ ۚ وَلَقَدِ اصْطَفَيْنَاهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزىنى ئۆزى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن باش تارتىدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ياخشىلار قاتارىدا بولىدىغانلىقىدا شەك يوق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئەخمەقلەردىن باشقا كىم يۈز ئۆرۈيدۇ؟ بىز ئىبراھىمنى دۇنيادا تاللىدۇق. شۈبھىسزكى، ئىبراھىم ئاخىرتتىمۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئەلچىسى بولۇشى ئۈچۈن ۋە نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلار ئۈچۈن تاللىغان، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىبراھىمنىڭ يولىدىن، ئۆزىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن، ئۆزىنى ئەخمەقلەرنىڭ قاتارىدا قىلغان، ئۆزىنىڭ پاكلىنىش، كامالەتكە يېتىش ۋە بەختلىك بولۇش ھەققىنى تونۇمىغان ئەخمەق كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم يۈز ئۆرۈمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ لَهُ رَبُّهُ أَسْلِمْ ۖ قَالَ أَسْلَمْتُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «سەن ئىتائەت قىلغىن» دېگەن ئىدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
چۈنكى رەببى ئۇنىڭغا: «تەسلىم بول» دېگەندە، ئۇ دەرھال: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولدۇم!» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم رەببى - ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ھېچ ئىككىلەنمەستىن تولۇق بويسۇنىدىغان ئىتائەتمەن، ئىخلاسمەن ۋە سەمىمىي بەندىمىز بولۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تاللىشىمىزغا لايىق بولغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 132-ئايەت) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) ئىمان ئىبراھىموَوَصَّىٰ بِهَا إِبْرَاهِيمُ بَنِيهِ وَيَعْقُوبُ يَا بَنِيَّ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ لَكُمُ الدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا بۇنى ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، شۇڭا پەقەت مۇسۇلمان ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ دىنغا ئەمەل قىلىشنى ئىبراھىم ئۆز بالىلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى، يەئقۇبمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلار: «ئى بالىلىرىم! ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن بۇ دىننى تاللىدى. ئاخىرقى نەپىسىڭلارغا قەدەر مۇسۇلمان بولۇڭلار!» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم ۋە يەئقۇب، ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىغا ئىسلام ئۈستىدە ئاخىرقى نەپەسلىرىگىچە تۇرۇشنى تاپىلىغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ كُنْتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِنْ بَعْدِي قَالُوا نَعْبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِلَٰهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
(ئى يەھۇدىيلار!) سىلەر يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىڭ __ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى سىلەر يەئقۇبقا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟! ئۇ بالىلىرىغا: «مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سىلەر كىمگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەندە، ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ بولغان، ئاتىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل ۋە ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئىلاھقا چوقۇنىمىز، بىز پەقەت ئۇنىڭغىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
يەئقۇب سەكراتتىكى چېغىدا بالىلىرىدىن نېمىگە ئىبادەت قىلىش توغرۇلۇق سوئال سورىغان، بالىلىرى ئۆز ئاتىسى يەقۇبنىڭ، چوڭ بوۋىسى ئىبراھىمنىڭ، تاغىسى ئىسمائىلنىڭ ۋە بوۋىسى ئىسھاقنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئىخلاس بىلەن بويسۇنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُمْ مَا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىر ئۇممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى يەھۇدىيلار! ئى ناسارالار! سىلەرگە ئىبراھىمنىڭ ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادى بولۇش ھېچقانداق ئۇتۇق قازاندۇرمايدۇ. ئى مۇشرىكلار! سىلەرگىمۇ ئىبراھىمنىڭ ۋە ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادى بولۇش ھېچقانداق ئۇتۇق قازاندۇرمايدۇ. ھەركىمنىڭ قازانغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. سىلەرگە ئۇلارنىڭ ھېچبىر ياخشىلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. سىلەر ئۈچۈن بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەدكە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا بويسۇنۇشتۇر، چۈنكى ئۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ يولىنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇ يولغا دەۋەت قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا كُونُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ تَهْتَدُوا ۗ قُلْ بَلْ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۖ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يول تاپىسىلەر» دەيدۇ. «ئۇنداق ئەمەس، بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى. ناسارالارمۇ: «ناسارا بولۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، توغرا يول تاپقان بولىسىلەر» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) سەن: «بىز ئۇنداق قىلمايمىز، بەلكى توغرا يول بولغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
يەھۇدىيلار: «يەھۇدىي بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېدى، ناسارالار: «ناسارا بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېدى. سەن ئېيتقىنكى: «ياق! بىز ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز. ئىبراھىم ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى». — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار، ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغان يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا، «ياق! بىز ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز. ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دەپ جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 136-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار ئىمان تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىقُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر!) دەپ قويۇڭلاركى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، بىز (ئىماندا) ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز»[40]. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ئالدىنقى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان جاۋاب ئىزاھلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن ئاللاھقا ئىشەندۇق دېيىشكە بۇيرۇلىدۇ. ئاللاھقا ئىشىنىش بولسا، پۈتۈن ھەق دىنلارنىڭ ئورتاق ئىمان ئاساسىدۇر. ئاندىن ئۇ مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمگە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، بولۇپمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن كىتابلارغا ئىشىنىشكە، ئەلھاسىل پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن كىتابلارغا ئىشەندۇق دېيىشكە بۇيرۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن «بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز» دېيىشكە ئالاھىدە ئەمر قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى يەھۇدىيلار! ئى ناسارالار! ھىدايەت تېپىش يەھۇدىي بولۇش بىلەن ياكى ناسارا بولۇش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ. ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىش - ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىش بىلەن ئاللاھنىڭ پۈتكۈل پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۇلارغا نازىل قىلغان كىتابلىرىغا، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ ۋە نەبىيلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۈستۈنلۈك ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ نەبىيلىرى ۋە ئەلچىلىرى بولۇش جەھەتتىن ھېچقانداق پەرق يوقتۇر. بۇ سۈرە (بەقەرە)نىڭ 285 - ئايىتى بىلەن 3 - سۈرە (ئال ئىمران)نىڭ 85 - ئايىتىدىكى «ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز» دېگەن مەنىدىكى جۈملىسىمۇ، بىز ئىمان نۇقتىسىدا (ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نەبىيلىرى ۋە ئەلچىلىرى دەپ ئىشىنىشتە) ئۇلارنى ئوخشاش كۆرىمىز دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭمۇ مەزمۇنى بويىچە ئىلگىرى ئۆتكەن پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە «ئاللاھنىڭ تاللىغان بەندىلىرى ۋە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى» دەپ ئىشىنىدۇ (ئىمان كەلتۈرىدۇ). بۇ نۇقتىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىرەر پەرق كۆرمەيدۇ. ئۇلار بۇنى ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئاللاھقا بويسۇنۇشنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، چۈنكى پۈتۈن نەبىيلەرنى تاللىغۇچى ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكۈچى ئاللاھتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 137-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى كاپىرلىق ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىفَإِنْ آمَنُوا بِمِثْلِ مَا آمَنْتُمْ بِهِ فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا هُمْ فِي شِقَاقٍ ۖ فَسَيَكْفِيكَهُمُ اللَّهُ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە ـ مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئەھلى كىتاب سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئىمان ئېيتمىسا، ئەلۋەتتە، قارشى مەيداندا تۇرغان بولىدۇ. ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلارمۇ سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا توغرا يولنى تاپقان بولىدۇ، ئەگەر يۈز ئۆرۈسە سىلەردىن ئايرىلغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ بارلىق كىتابلىرىغا ۋە پۈتكۈل پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە، يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىغا ئوخشاش ئىمانغا ئىگە بولغان تەقدىردە، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە ئۇنىڭغا نازىل بولغان كىتابغا ئىشەنگەن تەقدىردە ھىدايەت تاپىدىغانلىقى، بولمىسا ئازغۇنلۇقتا مەڭگۈ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرىدا، يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ سەلبىي چۈشەنچە ۋە قارشى ھەرىكەتلىرى ئالدىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىنايەت ۋە نۇسرىتىنىڭ يېتەرلىك بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا مەيۈسلەنمەسلىكى، ئەنسىرىمەسلىكى ۋە ھەقنى دادىللىق بىلەن يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ ئاخىرقى ئىپادىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئۈچۈن تەھدىتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
صِبْغَةَ اللَّهِ ۖ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ صِبْغَةً ۖ وَنَحْنُ لَهُ عَابِدُونَ
ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىنمۇ ياخشى دىن بارمۇ؟ بىز (ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز) دەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
«بىز ئاللاھنىڭ بويىقى[41] بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز» دەڭلار[42]. — ئەنەس ئالىم
«ئاللاھنىڭ بويىقى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سىبغەتەللاھ (صِبْغَةَ اللَّهِ)» ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. بۇ بىرىكمىنىڭ مۇزافى (ئېنقلانغۇچىسى) بولغان «سىبغە (صِبْغَةَ)» ھالەتنى ئىپادىلەيدىغان مەسدەر بولۇپ، مەنىسى «بويالغان ھالەت» دېگەن بولىدۇ، ياكى ئىسىم بولۇپ «بوياق» دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى: «بىزنىڭ ھالىتىمىز ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئىبارەت بولغان بوياق بىلەن بويالغان ھالەتتۇر» دېگەن بولىدۇ، ياكى «بىز ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئىبارەت بولغان بوياق بىلەن ئۆزىمىزنى بويىدۇق» دېگەن بولىدۇ. «سىبغەتەللاھ (صِبْغَةَ اللَّهِ)» دېگەن سۆزگە، تەپسىرلەردە «ئىسلام، ئىسلام بويىقى، ھەقىقەتچىلىك، توغرا دىن، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلغان دىن، ئاللاھ ئىنسان تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن پاك ھالەت، ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى، ئاللاھنىڭ دەلىلى، ئاللاھنىڭ پاكلىشى» قاتارلىق ئىستىلاھىي (ئاتالغۇ) مەنىلەر بېرىلمەكتە. بۇ سۆز زىكىر قىلىنغان (138 -) ئايەتنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ ئايەتنى ئىلگىرىكى ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش كېرەك. بۇ ئايەتتىن ئىككى ئايەت ئىلگىرىكى (135 -) ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، «يەھۇدىي بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن يەھۇدىيلارغا ۋە «ناسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن ناسارالارغا: «ياق! بىز ھەقكە يۆنەلگۈچى ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز. ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېيىشكە ئەمر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى (136 -) ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ساھابىلەرنى ئاشۇ يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا مۇنداق دېيىشكە ئەمر قىلىدۇ: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلاردۇرمىز». ئاللاھ تائالا بۇ (138 -) ئايەتتە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ساھابىلەرنى ئۇلارغا: «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئاللاھقىلا چوقۇنغۇچىلارمىز» دېيىشكە ئەمر قىلىدۇ. ئۇلارغا بېرىلگەن بۇ جاۋابلارنىڭ خۇلاسە مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: ئى يەھۇدىي ۋە ناسارالار! بىز توغرا دىن بولغان ئىسلام ئۈستىدىمىز، بىز ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىلەرمىز. توغرا دىن پەقەتلا بۇ، ئاللاھنىڭ ھەقىقىي بويىقى بۇ. كېلىڭلار، بۇ دىنغا كىرىپ بىزگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويىلىڭلار، ئاللاھنىڭ زىننىتى بىلەن زىننەتلىنىڭلار. ھېچبىر نەرسە بۇ دىننىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنلا ھەقتۇر. يەنى ئاللاھنىڭلا رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھ بېكىتكەن ئادالەت پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش، ئاللاھ ئوتتۇرىغا قويغان گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش، ئاخىرەت كۈنىگە، ئۇ كۈندە ھەر كىشىنىڭ ئەقىدە ۋە ئەمىلى توغرۇلۇق ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قاتارلىق ھەقىقەتلەر تۇنجى پەيغەمبەردىن ئاخىرقى پەيغەمبەرگىچە ھەممىسىنىڭ دىنىدۇر. «ئاللاھنىڭ بويىقى» بۇ ھەق دىنغا بويسۇنۇشتىن ياكى بۇ ھەق دىنغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان روھىي مۇكەممەللىكتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھقا مانا مۇشۇ شەكىلدە ئىشىنىپ بەندىچىلىك قىلغان ئىنسان ئاللاھنىڭ ھەق دىنى بىلەن ئۆزىنى بويىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە زىننەتلىگەن بولىدۇ. بۇ (138 -) ئايەت ئەنە شۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە خىرىستىيانلارنىڭ «چۆمۈلدۈرۈش مۇراسىمى» قىلىشىنى كىنايىلىك ئۇسلۇب بىلەن ئەيىبلەيدۇ. خىرىستىيانلار، خىرىستىيانلىقنى قوبۇل قىلغانلارنى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى ئۆزلىرى مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان سېرىققا مايىل رەڭلىك بىر خىل سۇغا چۆكۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەقىقىي خىرىستىيانلىققا چۆكۈرگەنلىكىگە ۋە خىرىستىيانلىق بىلەن بويىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار بۇنى «چۆمۈلدۈرۈش مۇراسىمى» دەپ ئاتايدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇكى، بۇنداق سۈنئىي يوللار بىلەن ھەقىقىي دىندارلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مۇئمىنلىق ئۇنداق رەڭلىك سۇغا كىرىپ چىقىش بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. مۇئمىنلىق ئۆزىنى «ئاللاھنىڭ بويىقى» بىلەن بوياش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، يەنى مۇئمىنلىق ئاللاھ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە سىڭدۈرگەن ھەق دىن بىلەن زىننەتلىنىش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە «يەھۇدىي بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن يەھۇدىيلارغا ۋە «ناسارا بولۇڭلار، توغرا يولنى تاپقان بولىسىلەر» دېگەن ناسارالارغا، «بىز ئاللاھنىڭ بويىقى بىلەن بويالدۇق. بويىقى ئاللاھنىڭ بويىقىدىن ياخشى كىم بار؟ بىز ئۇنىڭغىلا چوقۇنغۇچىلارمىز› دېگەن سۆزنىمۇ قىلىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَتُحَاجُّونَنَا فِي اللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ وَلَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُخْلِصُونَ
«بىز بىلەن ئاللاھ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقىلا سادىقمىز» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھ توغرۇلۇق بىز بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقا خالس ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بىزنىڭمۇ رەببىمىز، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھ توغرىسىدا بىز بىلەن دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز بىزنىڭ، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار سىلەرنىڭدۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن كىشىلەرمىز». — ئەنەس ئالىم
بەنى ئىسرائىل ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىگە ياخشى بولۇش شەرتى بىلەن ئاتا قىلغان ئۈستۈنلۈكنى شەرتسىز ئۈستۈنلۈك دەپ چۈشىنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى «ئاللاھنىڭ بالىلىرى ۋە دوستلىرى» دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار يېڭى پەيغەمبەر كەلمەكچى بولسا، ئۇنىڭ ئەرەبلەردىن ئەمەس بۇرۇنقىدەك يەنە ئۆز مىللىتى (بەنى ئىسرائىل) ئىچىدىن كېلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى ۋە مۇئمىنلارغا بۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىنى ئېيتاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار! سىلەر ‹ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى پەقەت بىزدىنلا تاللايدۇ› دەپ، بىز بىلەن ئاللاھنىڭ ئىشى توغرىسىدا يەنى پەيغەمبەرنى بۇ قېتىم سىلەردىن ئەمەس، بىزدىن ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھنىڭ بىزنىڭمۇ رەببىمىز، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ پەقەت بىر قەۋمنىڭلا رەببى ئەمەسلىكىنى، رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئۈستۈنلۈك كىشىنىڭ نەسەبىگە ئەمەس، ئەكسىچە ئىمان ۋە ئەمىلىگە قارىتا بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ بىزگە توغرا يولنى ئاتا قىلدى، بىز ئاللاھقا تائەت - ئىبادەتنى خالىس قىلغۇچى كىشىلەرمىز، ئاللاھقا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 140-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ئاللاھنىڭ ئىلمى كىتاب ئەھلى ئىبراھىم كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشىأَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطَ كَانُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ قُلْ أَأَنْتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَتَمَ شَهَادَةً عِنْدَهُ مِنَ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
«ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر» — مۇھەممەد سالىھ
«ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دەمسىلەر؟» ئېيتقىنكى، «بۇنى سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى سىلەر: «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟». يېنىدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس[43]. — ئەنەس ئالىم
يەھۇدىيلار: «جەننەتكە پەقەت يەھۇدىيلارلا كىرىدۇ» دەيتتى، ناسارالار: «جەننەتكە پەقەت ناسارالارلا كىرىدۇ» دەيتتى. شۇڭا يەھۇدىيلار مۇئمىنلارغا: «ھىدايەت تاپماقچى بولساڭلار يەھۇدىي بولۇڭلار» دەيتتى، ناسارالار: «ھىدايەت تاپماقچى بولساڭلار ناسارا بولۇڭلار» دەيتتى. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنى ئۇلاردىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراشقا بۇيرۇيدۇ: ئى يەھۇدىيلار! ئۇنداقتا سىلەر «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى» دېمەكچىمۇ؟ ئى ناسارالار! سىلەرمۇ: «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى ناسارا ئىدى» دېمەكچىمۇ؟ بىز ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ئىشىنىمىز. سىلەرمۇ ئۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقىڭلارنى دەۋا قىلىسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىڭلارنى ئېيتىسىلەر، يەھۇدىيلىك ۋە ناسارالىقنىڭ ئۇلاردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىمۇ بىلىسىلەر. ئەگەر جەننەتكە يەھۇدىيلارلا كىرىدىغان ياكى ناسارالارلا كىرىدىغان ئىش بولسا، يەھۇدىيمۇ بولمىغان ناسارامۇ بولمىغان ئۇ پەيغەمبەرلەر جەننەتكە كىرەمدۇ، كىرمەمدۇ؟ ھىدايەت تېپىش ئۈچۈن يەھۇدىي بولۇش ياكى ناسارا بولۇش كېرەك بولىدىغان بولسا، ئۇ پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيمۇ بولماي ناسارامۇ بولماي قانداق ھىدايەت تاپقان؟ شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرى يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس، ئەكسىچە ھەر بىرى ھەقكە يۆنەلگۈچى ۋە ئاللاھقا بويسۇنغۇچى ئىدى، ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولمىدى. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىرلا دىن بار. ئۇ بولسىمۇ ئىسلامدۇر. ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى ئەنە شۇ ئىسلام ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقىنى، يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا نازىل قىلغان كىتابلىرىدا بايان قىلغان. ئۇلار بۇ گۇۋاھلىقنى ئۇ كىتابلاردىن ئوبدان بىلەتتى. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يەھۇدىيلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن مۇئمىنلارغا: «يەھۇدىي بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېيىشى، ناسارالارنىڭ: «ناسارا بولۇڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر» دېيىشى مەزكۇر گۇۋاھلىقنى يوشۇرغانلىق بولۇش بىلەن بىرگە، مەزكۇر پەيغەمبەرلەرنى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دېگەنلىكى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دەمسىلەر؟» دېگەن سوئالنى سورىغاندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلاردىن «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟» دەپ سوراشقا بۇيرۇيدۇ. ئاندىن «يېنىدا، ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟» دەپ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىي زالىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُمْ مَا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشى توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىر ئۇممەت ئىدى، كېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۆزىنىڭ، سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسەڭلار سىلەرنىڭدۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغررۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت 134 - ئايەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇش بىلەن پەخىرلىنىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەن يەھۇدىي، ناسارا ۋە مۇشرىكلارغا مۇنداق دەيدۇ: ئى يەھۇدىيلار! ئى ناسارلار! سىلەرگە ئىبراھىمنىڭ ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادى بولۇش ھېچقانداق ئۇتۇق قازاندۇرمايدۇ. ئى مۇشرىكلار! سىلەرگىمۇ ئىبراھىمنىڭ ۋە ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادى بولۇش ھېچقانداق ئۇتۇق قازاندۇرمايدۇ. ھەركىمنىڭ قازانغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. سىلەرگە ئۇلارنىڭ ھېچبىر ياخشىلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. سىلەر ئۈچۈن بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەدكە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا نازىل بولغان كىتابقا بويسۇنۇشتۇر، چۈنكى ئۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ يولىنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇ يولغا دەۋەت قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سَيَقُولُ السُّفَهَاءُ مِنَ النَّاسِ مَا وَلَّاهُمْ عَنْ قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُوا عَلَيْهَا ۚ قُلْ لِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەرنى) قاراپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىق ۋە مەغرىب (ھەممە تەرەپ) ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۆمىنلەر) نى يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) نېمە بۇرىۋەتكەندۇر؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەشرىقمۇ ۋە مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلاردىن بىر قىسىم ئەخمەقلەر: «ئۇلارنى[44] يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار مەككىدىكى چېغىدا ۋە مەدىنىدىمۇ بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن «بەيتۇلمەقدىس»كە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئۆتىگەن. بۇنىڭ ھۆكمى ۋە ھېكمىتى بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى 143 - ئايەتتە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، «بەيتۇلمەقدىس»نىڭ قىبلە ئىكەنلىكىنى مەنسۇخ قىلىپ، «كەئبە»نىڭ قىبلە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىلگىرى، بۇ ئىشنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگەن، بىلدۈرۈلىدىغان ئېتىرازنى خەۋەر قىلغان ۋە ئۇنىڭ جاۋابىنى ئۆگەتكەن. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇسۇلمانلار! يېقىندا قىبلەڭلەر ئۆزگىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر يېڭى قىبلەڭلەرغا يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئۆتەشكە باشلايسىلەر. ئۇ چاغدا ئەخمەق، ئەقىلسىز، قوپال ۋە جاھىل ئادەملەر بۇ ھەقتە بولمىغۇر سۆزلەرنى قىلىپ ئېچىڭلارنى پۇشۇرىدۇ. ئۇلارغا ئېيتىڭلاركى: مەشرىقمۇ مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، ھېچبىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئۈستۈنلۈكى يوقتۇر. ئاللاھ ئۆزى خالىغان تەرەپنى ئۆزى خالىغان چاغدا قىبلە قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ، قىبلە قىلىنغان تەرەپنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەلىپىدۇر. شۇڭلاشقا نامازدا قايسى تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈش ئەمەس، ئاللاھ ئەمر قىلغان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈش مۇھىمدۇر. بىز ئىلگىرىمۇ نامىزىمىزدا «بەيتىلمەقدىس»كە ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۈز كەلتۈرگەن ئىدۇق، ھازىر «كەئبە»گە يەنە ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۈز كەلتۈرۈۋاتىمىز. مانا بۇ توغرا يولدۇر، ئاللاھ بۇ يولغا خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئى ئەخمەقلەر! سىلەرنىڭ بۇ سۆزلىرىڭلار ئەسلىدە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئېتىراز قىلغانلىق، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا چىدىمىغانلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 143-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى قىبلە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئۈممەتنىڭ بىرلىكى رەسۇلغا ئەگىشىشوَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنْتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّنْ يَنْقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِنْ كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) نى قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئىماندىن يېنىۋالغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت[45] قىلدۇق. بۇ سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشۇڭلار، رەسۇلنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈندۇر. سەن يۈز كەلتۈرگەن تەرەپنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، رەسۇلغا ئەگىشىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىپ بىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، خالاس. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىسىغا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى «توغرا يول - سىراتى مۇستەقىم»غا ئېرىشتۈرگەندەك، ئۇلارنى «ياخشى ۋە ئادىل ئۇممەت» قىلغان. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلمى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىكى بىلەن ئىلىم ۋە ئەمەلدە ياخشى، ئىش - ھەرىكەتتە ئىلغار ۋە گەپ - سۆزدە ھەققانىي ئۇممەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنى، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا گۇۋاھچى بولۇشى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەككى، ئۇلار «ياخشى ۋە ئادىل ئۇممەت» بولۇش سۈپىتى بىلەن قىيامەت كۈنى، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەقنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋملىرىنىڭ ئۇ ھەقتە تۇرۇپ تۇرمىغانلىقى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇممىتىنىڭ توغرا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ھازىرغىچە نامىزىڭدا يۈز كەلتۈرۈپ كەلگەن «بەيتۇلمەقدىس»نى ئىلگىرى قىبلە قىلىشىمىز ۋە ھازىر ئۇنىڭ قىبلە بولۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ كەئبىنى قىبلە قىلىب بەلگىلىشىمىز ساڭا ئەگىشىدىغانلارنى، ئەگەشمەيدىغانلاردىن ئايرىش ئۈچۈندۇر. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى راست دەپ قوبۇل قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەرگە ئېغىر كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكمىنىڭمۇ راستلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ بۇ ئىشەنچىنى ۋە قىلغان ئەمەللىرىنى، جۈملىدىن ئىلگىرىكى قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ ئۆتىگەن نامازلىرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا تولۇق ئەجر ئاتا قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا ئۆزى توغرۇلۇق «بىلىشىمىز ئۈچۈن»، «ئاللاھنىڭ بىلىشى ئۈچۈن»، «تېخى بىلمىگەن» دېگەن ئىپادىلەرنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئايرىشىنى، ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ۋە ئەمەلىيەتتە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئوخشاش مەسىلە توغرۇلۇق لۇغەت جەھەتتىن «ئاللاھنىڭ ئايرىشى ئۈچۈن» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «لىيەمىيزە ﴿لِيَمِيْزَ﴾» دېگەن كەلىمىمۇ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئايەت بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىپادىلەرنى قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا چۈشىنىش كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ زاتى، سۈپەتلىرى ۋە پېئىللىرى ئىنسانلارنىڭ زاتلىرى، سۈپەتلىرى ۋە پېئىللىرىگە ئوخشىمىغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ بىلىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ بىلىشىگە ئوخشىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَدْ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجْهِكَ فِي السَّمَاءِ ۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبْلَةً تَرْضَاهَا ۚ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ ۗ وَإِنَّ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَيَعْلَمُونَ أَنَّهُ الْحَقُّ مِنْ رَبِّهِمْ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بۇنىڭ (يەنى قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
بىز سېنىڭ (كەئبىنىڭ قىبلەڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. نامازدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامازدا يۈزۈڭلارنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن بىخەۋەر ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كۆرۈۋاتىمىزكى، سەن بۇيرۇقىمىزنى كۈتۈپ پات - پات ئاسمانغا قاراۋاتىسەن. بىز سېنى چوقۇم سەن رازى بولىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن! ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. كىتاب بېرىلگەنلەر ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇكى، قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ رەببىدىن كەلگەن ھەق ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
مەككىدىكى «كەئبە» ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئىبادەتگاھى بولۇپ، ئۇ چۆرىسىدە ناماز ئۆتەش، تاۋاپ قىلىش ۋە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ ھەج ۋە ئۇمرە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سېلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن «كەئبە» تارىخ بويىچە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قىبلىسى بولۇپ كەلگەن، لېكىن سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ قۇددۇستىكى «بەيتۇلمەقدىس»نىڭ قىبلە قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا «بەيتۇلمەقدىس»نى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئۇممىتىگىمۇ باشتا قىبلە قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىبلىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىبلىسىدىن پەرقلىق بولغان. بۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىبلىسىنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىبلىسى بولغان «كەئبە»گە يۆتكىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى ۋە بۇ ھەقتە ۋەھىي نازىل بولۇشىغا ئىنتىزار بولۇپ گاھ - گاھ ئاسمان تەرەپكە قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا 142 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىبلىنىڭ يۆتكلىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ، ئاندىن 143 - ئايەتتە «بەيتۇلمەقدىس»نىڭ نېمىشقا ۋاقىتلىق قىبلە قىلىنغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. بۇ (144 -) ئايەتتە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە مۇئمىنلارنى نامازلىرىدا ھەرەم مەسجىدىگە (كەئبىگە) يۈز كەلتۈرۈشكە ئەمر قىلىش بىلەن «بەيتۇلمەقدىس»نىڭ قىبلە بولۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «كەئبە»نىڭ قىيامەتكە قەدەر قىبلە قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى، سۆزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن قىبلىنىڭ «كەئبە»گە ئۆزگىرىشىنىڭمۇ ھەق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ھەسەت قىلىپ ئېتىراز قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا پەرۋا قىلماسلىق لازىملىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ جازا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَئِنْ أَتَيْتَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ بِكُلِّ آيَةٍ مَا تَبِعُوا قِبْلَتَكَ ۚ وَمَا أَنْتَ بِتَابِعٍ قِبْلَتَهُمْ ۚ وَمَا بَعْضُهُمْ بِتَابِعٍ قِبْلَةَ بَعْضٍ ۚ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ إِنَّكَ إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە بويسۇنمايدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايسەن؛ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايدۇ. ساڭا ئىلىم (ۋەھىي) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارچە دەلىلنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە يۈزلەنمەيدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيسەن؛ ئۇلار ھەم ئۆز ئارا بىر ـ بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈزلەنمەيدۇ. ساڭا ئىلىم (يەنى ۋەھيى) كەلگەندىن كېيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
كىتاب بېرىلگەنلەرگە پۈتكۈل دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار يەنىلا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى يەنە بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. ئەگەر سەن ئۆزۈڭگە كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، بىلىپ قويغىنكى سەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا)، نامازدا «كەئبە»گە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە دائىر بارلىق دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار دەلىل يېتەرسىز بولغانلىقتىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ جاھىللىق ۋە تەكەببۇرلۇقى تۈپەيلىدىن بىلىپ تۇرۇپ ھەقتىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن، چۈنكى ساڭا بۇ ھەقتە ۋەھىي نازىل قىلىندى. ئۇلارمۇ بىر - بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ: يەھۇدىيلار ناسارالارنىڭ قىبلىسىگە، ناسارالار يەھۇدىيلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بىر - بىرىنى ئازغۇن دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارغا ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمنى يەتكۈزسەڭ ۋە ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلار نەپسى خاھىشىغا بويسۇنغان بولىدۇ. ناۋادا سەن بىرەر ئىشتا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ كېتىسەن، يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلاردىن بولۇپ كېتىسەن. بۇ، ئۇممەتنىڭ ھەر ئەزاسىغا قارىتىلغان خىتاب بولۇپ، ئىسلام شەرىئىتىگە مۇخالىپلىق قىلىدىغان ھەر كىشىگە تەھدىتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْرِفُونَهُ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَاءَهُمْ ۖ وَإِنَّ فَرِيقًا مِنْهُمْ لَيَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالار) ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇ پەيغەمبەرنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)نىڭ ياخشى ئۆلىمالىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ھەقلىقىنى، سۆزىنىڭ راستلىقىنى ۋە يولىنىڭ توغرىلىقىنى خۇددى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ ۋە بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يامان ئۆلىمالىرى بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرىدۇ، نادانلىرى ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
ھەقىقەت ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر، شۇڭا ھەرگىز شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ھەقىقەت پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەندۇر، سەن ھەرگىز شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ھەقىقەت سېنىڭ رەببىڭدىندۇر. ئۇ ھالدا ھەرگىز شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ ئىلىم ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقتۇر، سەن ھازىر يۈز كەلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان قىبلە (كەئبە) ئىبراھىمنىڭ قىبلىسىدۇر، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ سۆزلىرى يالغاندۇر. شۇڭلاشقا رەببىڭ بۇيرۇغان ئىشنى قىلغىن يەنى بۇندىن ئېتىبارەن نامىزىڭدا كەئبىگە يۈز كەلتۈرگىن، ئىنكارچىلارنىڭ ئېتىرازلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن، سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغىن، نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنمىغىن. ھەق توغرىسىدا ئۇلار بىلەن دەتالاش قىلمىغىن، ساڭا ئېنىق بولغان ھەقتىن شۈبھىلەنمىگىن. 145 - ئايەتتىكى تەھدىتكە ئوخشاش بۇ ئايەتتىكى چەكلىمىمۇ ئۇممەتنىڭ ھەر ئەزاسىغا قارىتىلىدۇ، چۈنكى ئىمانى ئاجىز ۋە ئىلمى ئاز كىشىلەر يامان ئۆلىمالارنىڭ ياكى ئالىم قىياپەتلىك جاھىللارنىڭ ياغلىما سۆزلىرىگە ئاسانلا ئالدىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت ھەر مۇئمىننى ھەقنى توغرا ئۆگىنىشكە، ئاندىن ئۇ ھەق توغرىسىدا باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلەشمەسلىككە ۋە ھەقتىن شۈبھىلەنمەسلىككە چاقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ أَيْنَ مَا تَكُونُوا يَأْتِ بِكُمُ اللَّهُ جَمِيعًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ھەر (ئۈممەت) نىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى (قىبلىسى) بار، (ئى مۆمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قەيەردە بولماڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ھەممىڭلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەر ئۈممەتنىڭ يۈزلىنىدىغان تەرىپى (يەنى قىبلىسى) بار، (ئى مۆمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى تالىشىپ قىلىڭلار، قەيەردە بولۇڭلار، ئاللاھ ھەممەڭلارنى قىيامەت كۈنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر ئۇممەتنىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى بار. ئۇنداقتا سىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا بەسلىشىڭلار. قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ھازىر بىز سېنى نامىزىڭدا يۈز كەلتۈرۈشكە بۇيرۇغان كەئبە سېنىڭ ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇممىتىڭنىڭ قىبلىسىدۇر. شۇنىڭدەك، ھەر ئۇممەتنىڭ ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە بىر قىبلىسى بار بولۇپ، ئۇلار ئىبادەتلىرىدە ئۇ تەرەپكە يۈز كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش قىبلە توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىش ئەمەس، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراش ۋە ياخشىلىقتا بەسلىشىش، شۇنداقلا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشتۇر، چۈنكى ئۈستۈنلۈك قەيەرگە يۈز كەلتۈرۈشتە ئەمەس، تائەت - ئىبادەت قىلىشتا ۋە ياخشى ئىشلاردا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشتىدۇر. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى مەھشەرگاھقا يىغىپ ھېساب ئالىدۇ. بۇ ھېسابقا تەييارلىق قىلىش كېرەك. شۇڭلاشقا ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار ۋە ئۇلاردا بەسلىشىڭلار، قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ھەممىڭلارنى يىغىدۇ، ھېچكىم ھېسابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ھەر نەرسە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۖ وَإِنَّهُ لَلْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
(قەيەردىن سەپەرگە چىقساڭ، نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم (كەبە) تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ، شەكسىز پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
قەيەردىن سەپەرگە چىققىن، نامىزىڭدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن بىخەۋەر ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
قەيەردە نامازغا تۇرساڭ يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. بۇ چوقۇم رەببىڭدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
(149-150) بۇ ئىككى ئايەتتە، سەپەر ئۈستىدىمۇ نامازدا «كەئبە»گە يۈز كەلتۈرۈشكە ئەمر قىلىنىش بىلەن 104 - ئايەتنىڭ ھۆكمىنىڭ ئومۇمىي ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئى مۇئمىنلار! مەيلى يۇرتۇڭلاردا بولۇڭلار، مەيلى سەپەر ئۈستىدە بولۇڭلار، قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن نامىزىڭلاردا كەئبىگە يۈز كەلتۈرۈڭلار. قىبلىنىڭ «بەيتۇلمەقدىس»تىن «كەئبە»گە ئۆزگەرتىلىشى «ئىنسانلارنىڭ مۇئمىنلارغا قارشى دەلىلى بولماسلىقى ئۈچۈندۇر». ناۋادا قىبلە «بەيتۇلمەقدىس» بولۇپ قېلىۋەرگەن بولسا ئىدى، يەھۇدىيلار: «مۇھەممەد بىزنىڭ دىنىمىزغا خىلاپلىق قىلىدۇ، لېكىن قىبلىمىزگە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئۆتەيدۇ، كىتابىمىزدا سۈپەتلەنگەن پەيغەمبەرنىڭ كەئبىگە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز ئۆتەيدىغانلىقىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ، ئۇنداقتا بۇ پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا نېمىشقا نامىزىدا كەئبىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ؟» دېگەن بولاتتى، مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ يولىدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ، مۇھەممەد ئىبراھىمنىڭ قىبلىسىنى تەرك ئەتكەن تۇرۇقلۇق قانداقمۇ ئۇنىڭ يولىدا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ؟» دېگەن بولاتتى. «كەئبە»نىڭ قىبلە قىلىنىشى بىلەن ھەر ئىككى پىرقىنىڭ بۇ ھەقتە دەيدىغان سۆزى قالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان تەرسالارنىڭ ئېتىرازى تۈگىمەيدۇ، غەلۋىسى بېسىقمايدۇ. ئۇلار قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا كەلسە - كەلمەس سۆزلەرنى قىلىۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار دەلىلگە قايىل بولمايدۇ، ھۆججەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى نەپسى خاھىشىدۇر، ئىشى ھەقسىزلىق قىلىشتۇر. شۇڭا بۇ زالىملارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارغا دەلىل كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. شۇنىڭدەك، ئۇ زالىملارنىڭ «دەلىل» دەپ ئېيتقان داڭقان پۇتى گەپلىرىنىڭمۇ ھېچقانداق ئېتىبارغا ئالغۇچىلىكى يوق. ئۇنداق گەپلەرگە پەرۋا قىلماڭلار، كۆڭۈل بۆلمەڭلار. ئاللاھ تائالا ئاخىرىدا قىبلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يەنە ئىككى سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارغا نېمىتىنى تاماملاش، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ ھىدايەتكە ئېرىشىشى. دېمەككى، «كەئبە»نىڭ قىبلە بولۇشى بىلەن نېمەت تاماملانغان، ھىدايەت كامىل بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيْكُمْ حُجَّةٌ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَاخْشَوْنِي وَلِأُتِمَّ نِعْمَتِي عَلَيْكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
ئىنسانلار (يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار) غا سىلەرگە قارشى دەلىل ـ ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد! سەپەر قىلىشقا) قەيەردىن چىقمىغىن، (نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار، (نامىزىڭلاردا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ)، ئۇلاردىن (يەنى زالىملاردىن) قورقماڭلار، (مېنىڭ ئەمرىمنى تۇتۇش بىلەن) مەندىن قورقۇڭلار. (قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ۋە توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلارغا سىلەرگە قارشى دەلىل ـ ئىسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد!) سەپەرگە قەيەردىن چىققىن، نامىزىڭدا يۈزۈڭنى ھەرەم مەسجىدى تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولۇڭلار، نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى شۇ (ھەرەم مەسجىدى) تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارلا قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. (مېنىڭ قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمر قىلىشىم) يەنە سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەرمۇ قەيەردە بولساڭلار نامىزىڭلاردا يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. بۇ، ئىنسانلارنىڭ سىلەرگە قارشى دەلىلى بولماسلىقى ئۈچۈندۇر. زالىملار مۇستەسنا[46]. ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. شۇنىڭدەك، بۇ مېنىڭ سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىشىم ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(2-سۈرە بەقەرە، 151-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەلچى ۋە ئاخىرقى نەبىي قۇرئاننىڭ ھىدايىتى قەلبىنى پاكلاشكَمَا أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولًا مِنْكُمْ يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
شۇنىڭدەك (سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھتىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
بۇ (كەئبىنى قىبلە قىلىپ، نېمىتىمىزنى كامالەتكە يەتكۈزۈشىمىز) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى پاك قىلىدىغان، سىلەرگە قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىنىمىزگە ئوخشاشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنىڭ سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىزمۇ شۇنداق ئىدى[47]. ئۇ ئەلچى سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
قىبلە ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدىن ئىلگىرى سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىز سىلەرگە نېمەت ئاتا قىلغانلىقىمىز ئىدى، ھازىر سىلەرگە قىبلىنى ئۆزگەرتىپ بېرىشىمىزمۇ ئوخشاشلا سىلەرگە نېمەت ئاتا قىلغانلىقىمىزدۇر. بۇ يەردىكى «ئەلچى» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن مەككە ئاھالىسىگە ئۆز ئىچىدىن بۇ ئايەتتىكى ئالاھىدىلىكتە بىر ئەلچى ئەۋەتىشىنى تىلىگەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ ئەلچى قىلىپ ئۇلارغا ئەۋەتىش بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇئمىنلارغا بىر ئىنئام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئوخشاشلىقى بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى «تەبلىغ»دۇر، جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ «تەبلىغ»دۇر. تەبلىغ - تولۇق يەتكۈزۈش دېمەكتۇر. بۇ، ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىش ۋە ئۇلارغا قانداق ئەمەل قىلىشنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆگىتىش، ئۇلارنى ئەمەلىي جەھەتتىن بۇزۇق ئەقىدە، يامان ئەمەل ۋە ناچار ئىللەتلەردىن پاكلىنىشقا، ئىلمىي جەھەتتىن جاھالەت، ئازغۇنلۇق ۋە مەنىۋى كورلۇقتىن پاكلىنىشقا يېتەكلەش، ئۇلارغا كىتابنىڭ (قۇرئاننىڭ) ھۆكۈم ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگىتىش، ئۇلار نېمىنى بىلمەيدىغان بولسا، ئۇلارغا كىتاب بىلەن شۇنى ئۆگىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلَا تَكْفُرُونِ
مېنى (تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار — مۇھەممەد سالىھ
مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، تۇزكورلۇق قىلماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ھالدا مېنى زىكىر قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى زىكىر قىلىمەن[48]. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا تۇزكورلۇق قىلماڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئايەتتىكى «زىكىر قىلىڭلار - اذْكُرُوا،... زىكىر قىلىمەن - أَذْكُرُ» دېگەن پېئىللار ئەسلىمەك، ئەسكە ئالماق، ئەستە تۇتماق ۋە تىلغا جارى قىلماق دېگەن مەنىلەردىكى «زىكر - ذكر» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئاللاھنى زىكىر قىلىش» - ئاللاھنى ئەسلەش، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى ئېسىدە ساقلاش، ئۇلارنى ئۇنتۇماسلىق ۋە ئۇلارغا رىئايە قىلغان ھالدا ياشاش، ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسىملىرىنى ۋە ئالىي سۈپەتلىرىنى تىلغا جارى قىلىش، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇش ۋە ئۆگىتىش، ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش قاتارلىق كەڭ مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھنى زىكىر قىلغانلارنى «ئاللاھنىڭ زىكىر قىلىشى» - ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئەجر ئاتا قىلىشىنى، ئىلتىپات قىلىشىنى، مەرھەمەت ۋە مەغپىرەت قىلىپ ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈشىنى كۆرسىتىدۇ. «شۈكۈر قىلىڭلار - اشْكُرُوا» دېگەن بۇيرۇق پېئىلى چىرايلىق سۆز ياكى ياخشى ئىش بىلەن بىرەر نەرسىدىن رازى ۋە مىننەتدار بولغانلىقنى ئىپادىلەش دېگەن مەنىدىكى «شۈكر - شكر» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش» - ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش ياكى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ ئاتا قىلغان سان - ساناقسىز نېمەتلەردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش دېمەكتۇر. بۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن يەنى ھاياتىنى ئاللاھنىڭ نىزامى ئىچىدە ياشاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئايەتتە «ئاللاھنى زىكىر قىلىش»نىڭ مۇكاپاتى بايان قىلىنىدۇ. «ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش»نىڭ مۇكاپاتى بولسا، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. شۈكۈرنىڭ خىلاپى تۇزكورلۇق بولۇپ، جازاسى نېمەتتىن مەھرۇم قېلىش ۋە ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا «ئاللاھنى زىكىر قىلىش» بىلەن «ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش» ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە ياشاش، تۇزكورلۇق بولسا ئاللاھ رازى بولمايدىغان شەكىلدە ياشاش دېمەكتۇر. ئالدىنقى ئايەتلەردە كەئبىنىڭ قىبلە قىلىپ بەلگىلىنىشى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشىنىڭ بىرەر نېمەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتنىڭ «ئۇنداقتا، ئۇ ھالدا، شۇڭلاشقا» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «ف» ھەرپى بىلەن باشلىنىپ ئاندىن مۇئمىنلارنىڭ زىكىر بىلەن شۈكۈرگە ئەمر قىلىنىشى ۋە تۇزكورلۇقتىن چەكلىنىشى بۇنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى ئىسلام نېمىتىنىڭ شۈكرى ئۇنى ھايات نىزامى دەپ قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاش بىلەن، پەيغەمبەر نېمىتىنىڭ شۈكرى ئۇنىڭغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ
ئى مۆمىنلەر! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا 45 - ئايەتتە كونا ئادەتلىرىنى تاشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن يېڭى يولغا كىرىش ئېغىر كەلگەن بەنى ئىسرائىلنى سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئالدىنقى ئايەتتە زىكىر ۋە شۈكۈرگە ئەمر قىلىنغان، تۇزكورلۇقتىن چەكلەنگەن مۇئمىنلارنى سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلىشقا ئەمر قىلىدۇ، چۈنكى لايىق رەۋىشتىكى سەۋر - تاقەت روھنى چېنىقتۇرۇپ ھەقكە كۆندۈرىدۇ، تەلەپكە لايىق ئۆتەلگەن ناماز روھنى تەربىيەلەپ يامان ئىشلاردىن نەپرەت قىلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئاسانلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَقُولُوا لِمَنْ يُقْتَلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتٌ ۚ بَلْ أَحْيَاءٌ وَلَٰكِنْ لَا تَشْعُرُونَ
ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى (يەنى شەھىدلەرنى) ئۆلۈك دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر بۇنى سەزمەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر بۇنى سەزمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى «ئۆلۈك» دېمەڭلار. بەلكى ئۇلار تىرىكتۇر، لېكىن سىلەر تۇيمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىشى «شەھىد» ھېسابلىنىدۇ ۋە شەھىد بولغاندىن كېيىنلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا نېمەتكە ئېرىشىپ بەھرىمەن بولۇشقا باشلايدۇ، لېكىن بۇنى بۇ دۇنيادا ھاياتتا بولغانلار بىلەلمەيدۇ، پەرق ئېتەلمەيدۇ ۋە ھېس قىلالمايدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ يولى» ئىپادىسى، ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە رۇخسەت بەرگەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى مەيدانغا كەلگەندە قىلىنغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) دىنىي ئەركىنلىككە قارشى تۇرغان زالىملارغا قارشى ئۇرۇش، يەنى مۇسۇلمانلارنى ئىسلامىي ھاياتتىن ۋە ئىسلامغا دەۋەت قىلىشتىن، ئىنسانلارنى ئىسلام يولىغا كىرىشتىن توسقان زالىملارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش. 2) تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇش، يەنى ۋەتەننى ئىشغالدىن ساقلاش ياكى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش. 3) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىرەر زالىمنىڭ زۇلمى ئاستىدا قالغان مەزلۇملارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش. 4) تىنچلىق كېلىشىمىنى بۇزغانلارغا قارشى قىلىنغان ئۇرۇش. 5) ئىچكى ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە ئىچكى ئۇرۇشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇش. ئەسكەرتىش: قۇرئاندىن يىراقلاشقان بەزى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا «ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىش» دېيىلسە ئىنسانلارنى مۇسۇلمان قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش دەپ چۈشىنىلىدۇ. ھالبۇكى، دىندا زورلاش يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئىسلامغا زورلاش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىنمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ياشىيالىشى ۋە ئەركىن ھالدا تەبلىغ پائالىيىتى ئىجرا قىلالىشى كېرەك. تەبلىغنى قوبۇل قىلمىغانلارغا بېرىلىدىغان بىرەر جازا يوق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 155-ئايەت) سەۋر ئىلاھىي سىناق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناش سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەشوَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ ۗ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ
بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە پۇل-ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدۇرمىز، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
(155-157) ئاللاھ تائالا ئىنسانغا تۈرلۈك مۇسىبەتلەر ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قورقۇنچ، ئاچارچىلىق، ئۆلۈم - يېتىم ۋە ئىقتىسادىي زىيان شەكلىدە مەيدانغا كېلىدىغان بالايىئاپەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) جازالاش، ئاللاھ تائالا بەزىدە ئىنساننىڭ گۇناھلىرىنىڭ بىر قىسىم جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادا تېتىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بالايىئاپەت ئەۋەتىدۇ. 2) ئاگاھلاندۇرۇش، ئاللاھ تائالا بەزىدە گۇناھكار ئىنساننى ئاگاھلاندۇرۇش، سىلكىشلەش ۋە غەپلەتتىن ئويغىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بالايىئاپەت ئەۋەتىدۇ. 3) سىناق قىلىش، ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان. ئىنساننىڭ باياشاتچىلىقتا ۋە قىيىنچىلىقتا سەۋر قىلىشىنى ئىبادەتنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىغان. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنساننىڭ سەۋرچانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇنى بەزىدە نېمەت بىلەن بەزىدە بالايىئاپەت بىلەن سىنايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاللاھ تائالا بۇ (155 -) ئايەتتە ئۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ئاچارچىلىق، ئىقتىسادىي زىيان، ئۆلۈم - يېتىم ۋە قەھەتچىلىك... دېگەندەك ھەر تۈرلۈك شەكىللەردە كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بالايىئاپەتلەر ئىنساننىڭ بېشىغا قايسى سەۋەب بىلەن كەلسە كەلسۇن ئۇلارنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋەتكۈچى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر بالايىئاپەتكە گىرىپتار بولغان ئىنساننىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشى ۋە خاتا يولدا كېتىۋاتقان بولسا ئاللاھقا يېلىنىپ - يالۋۇرۇشى (دۇئا قىلىشى)، شۇنداقلا تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتىشى كېرەك، ئەگەر توغرا يولدا كېتىۋاتقان تەقدىردىمۇ بېشىغا بالايىئاپەت كەلگەن بولسا سەۋر قىلىشى ۋە توغرا يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇ يەردىكى بالايىئاپەتلەر سىناق ئۈچۈن كەلگەچكە سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ بالايىئاپەت ئالدىدا تۇتۇشى كېرەك بولغان پوزىتسىيە بىلدۈرۈلگەن ۋە ئۇلارغا بېشارەت بېرىلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 156-ئايەت) سەۋر تەقدىرگە رازى بولۇش ئاللاھقا قايتىش بارىدىغان جايى رەببىنىڭ دەرگاھى سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەشالَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ
ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
— تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا مۇسىبەت يەتكەندە: «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أُولَٰئِكَ عَلَيْهِمْ صَلَوَاتٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَرَحْمَةٌ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُهْتَدُونَ
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئىنايىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدۇ. ھىدايەت تاپقۇچىلار ئەنە شۇلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ ۖ فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا ۚ وَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوق. كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سەفا بىلەن مەرۋە ئوتتۇرىسىدا سەئيى قىلىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوقتۇر. كىمكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇنىڭغا سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، قىلمىشىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
رىۋايەت قىلىنىشىچە، جاھىلىيەت دەۋرىدە سەفا بىلەن مەرۋەدە قۇرەيشنىڭ «ئىساف» ۋە «نائىلە» ئىسىملىك ئىككى دانە بۇتى بار بولۇپ، ئۇلار ئۇ ئىككى بۇتنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلاتتى. مۇسۇلمانلار «جاھىلىيەت خەلقى سەئىينى بۇتلارنىڭ ئارىسىدا قىلىدۇ» دەپ سەئىي قىلىشنى گۇناھ ھېسابلاپ تەرك ئەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولغان. دېمەككى، بۇ ئايەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلىشنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن ھەج قىلغۇچىلار ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ تەرك ئەتكەن سەئىيگە ئەمر قىلىنغان: ﴿وَأَتِمُّواْ ٱلۡحَجَّ وَٱلۡعُمۡرَةَ لِلَّهِۚ ... ١٩٦﴾ «ھەج ۋە ئۆمرەڭلارنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار». شۇنىڭ بىلەن ئېنىق مەلۇم بولدىكى، سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت ئورۇنلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن يەرلەردىندۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلىش بۇتلار ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھ ئۈچۈندۇر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ: «سەئىي قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلدى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَىٰ مِنْ بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ ۙ أُولَٰئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ
بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛ لەنەت قىلغۇچىلار (پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ كىتاب (تەۋرات) تا كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ؛ لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(159-162) ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كىتابلىرىدا، ئىنسانلار ئۈچۈن روشەن دەلىللەر ۋە توغرا يولغا يەتكۈزىدىغان ئىلىملەر بايان قىلغان. پەيغەمبەرلەر ئۇ دەلىل ۋە ئىلىملەرنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگەن ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن قەۋملىرىنى ئۇلارنى ئۆگىنىشكە ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىشكە بۇيرۇغان. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۇ دەلىل ۋە ئىلىملەرنى باشقىلارغا بايان قىلىشقا بۇيرۇپ، يوشۇرۇشتىن توسقان، خۇسۇسەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن بۇ توغرىدا ئالاھىدە ئەھدە ئالغان. قۇرئان كەرىمدە، ئۆزى ئاللاھنىڭ يولىغا كىرىش بىلەن بىرگە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان كىشىنىڭ مەدھىيەلىنىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى ئۇ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان كىشىدۇر. 159 - ئايەتتە، ئەنە شۇ روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يول رەھبىرى بولغان ئىلىملەرنى يوشۇرغانلارغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىدىغانلىقى، بارلىق لەنەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 160 - ئايەتتە، ئۇ گۇناھنى قىلغانلاردىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن، شۇنداقلا كىتابتىن يوشۇرغىنىنى ئىنسانلارغا بايان قىلغانلارنىڭ ئۇ لەنەتلەردىن قۇتۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 161 - ئايەتتە، تەۋبە قىلماي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كافىر بولىدىغانلىقى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، 160 - ئايەتتىكى «لەنەت قىلغۇچىلار»نىڭ كىملىكى بايان قىلىنغان بولىدۇ. 162 - ئايەتتە، ئۇ مەلئۇنلارنىڭ مەڭگۈ ئازابقا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. «لەنەت - لعنة» - بىراۋنى قىلغان بىرەر يامانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقلاپ قوغلىۋېتىش ۋە يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇش دېمەكتۇر. ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىشى، ئاللاھنىڭ گۇناھكار كىشىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن قوغلىۋېتىشى ۋە يىراقلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قوغلىۋېتىش ۋە يىراقلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ئاخىرەتتە جەننەتتىن مەھرۇم قېلىش ۋە دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىشتۇر. پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ لەنەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ گۇناھكار كىشىدىن نەپرەت قىلىشىنى ۋە ئۇنى قارغىشىنى، شۇنداقلا ئاللاھتىن لەنەت تىلىشىنى (دۇئايىبەت قىلىشىنى) كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَٰئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
پەقەت تەۋبە قىلغانلار، (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ تەۋرات ئەھكاملىرىدىن يوشۇرغانلىرىنى) بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت تەۋبە قىلغان، بۇزغانلىرىنى تۈزەتكەن، يوشۇرغانلىرىنى بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مەن ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىمەن. ناھايىتى مېھرىبانمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَمَاتُوا وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَٰئِكَ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ اللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ، كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر بار، ئەنە شۇلار چوقۇم ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، كۇفردا چىڭ تۇرۇپ كافىر پېتى ئۆلگەنلەر ___ ئەنە شۇلار چوقۇم ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىر بولغان ۋە كافىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
خَالِدِينَ فِيهَا ۖ لَا يُخَفَّفُ عَنْهُمُ الْعَذَابُ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
(2-سۈرە بەقەرە، 163-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشوَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الرَّحْمَٰنُ الرَّحِيمُ
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار زاتى، ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى ۋە پېئىللىرىدە بىردۇر. ئوخشىشى ۋە تەڭدىشى يوقتۇر. يارىتىشتا، ياشىتىشتا ۋە باشقۇرۇشتا شېرىكى يوقتۇر. ئۇ، يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر، يەنى مەخلۇقاتىنىڭ چەكسىز ئېھتىرامى ۋە پەۋقۇلئاددە سۆيگۈسىگە، ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلىشى ۋە ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇشىغا لايىق يېگانە زاتتۇر. ئۇنىڭ رەھمىتى كەڭ، ياخشىلىقى چەكسىز ۋە ئىنئامى كۆپتۇر. شۇڭلاشقا ئۇ بارلىق مەخلۇقاتىغا ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ئاتا قىلغان، جۈملىدىن ئىنسانلارغىمۇ سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى بېرىش، كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ئاتا قىلغان. ئالدىنقى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان خۇسۇسلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ تائالانىڭ «رەھمان» ۋە «رەھىم» بولۇشىنىڭ بىرەر ئىپادىسىدۇر. مەسىلەن: ئىنسانلارغا كىتاب نازىل قىلىش، بىلىدىغانلارنى كىتابتىكى روشەن دەلىل ۋە ئىلىملەرنى باشقىلارغا بايان قىلىشقا بۇيرۇش، يوشۇرغانلارنى جازالايدىغانلىقىنى ۋە تەۋبە قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى يامانلىقتىن يېنىشقا ۋە توغرا يولغا قايتىشقا ئۈندەش قاتارلىق ئىپادىلەرنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتى چەكسىز ۋە ئىنئامى كۆپ زات ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 164-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى كېچە-كۈندۈز سۇ ۋە يامغۇر يارىتىلىشتىكى دەلىللەرإِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنْفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ مَاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ بار ۋە بىر ئىكەنلىكى، ئوخشىشى ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكى، بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكى، «رەھمان» ۋە «رەھىم» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇ ھەقىقەتلەرنىڭ دەلىللىرى سۈپىتىدە، يارىتىلغان ئايەتلەردىن ئالتە دانىسى بايان قىلىنىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) «ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشى» - ئاسمانلارنىڭ مۇستەھكەم يارىتىلىشىنى ۋە يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. «زېمىنىڭ يارىتىلىشى» بولسا، زېمىننىڭ پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ئۇيغۇن يارىتىلىشىنى، مۇستەھكەم تاغلىرى، رەڭگارەك ئۆسۈملۈكلىرى ۋە تۈرلۈك بايلىقلىرى بىلەن مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. 2) «كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى» - كېچە - كۈندۈزنىڭ بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئىلاھىي قانۇنىيەتتىن ھېچ چەتنىمەستىن ئالمىشىپ تۇرۇشى دېمەكتۇر. 3) «كېمىلەر» - دېڭىزلاردا رايوندىن رايونغا، قىتئەدىن قىتئەگە ئىنسان ۋە يۈك توشۇيدىغان كېمە ۋە پاراخوتلارنى كۆرسىتىدۇ. 4) «ئاسماندىن چۈشكەن سۇ» - يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر سۇلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۇ، ئىنسانلارنىڭ ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ تۆرىلىشى ۋە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى، زېمىننىڭ جانلىنىپ ئۆسۈملۈك ئۈندۈرۈشى، شۇنداقلا زىرائەتلەرنىڭ ۋە باغلارنىڭ يېتىشىپ مەھسۇلات بېرىشى، ئىنسانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تازىلىق ئىشلىرى (تاھارەت) ئۈچۈن ئاساسىي ئامىلدۇر. «ھەر تۈرلۈك جانلىق» - زېمىندا ياشايدىغان ئىنسان، ھايۋان ۋە باشقا پۈتكۈل جانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 5) «شاماللار» - ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولۇپ، سۇ يۈكلەنگەن بۇلۇتلارنى بەلگىلەنگەن جايلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ بارىدۇ، دېڭىز - ئوكيانلاردا كېمىلەرنى ھەيدەيدۇ ۋە مېڭىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شاماللارنىڭ ئۈچىنچى ۋەزىپىسى ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرۇشتۇر. 6) «بۇلۇتلار» - ھاۋادا ئۆزىگە يۈكلەنگەن سۇنى ئېھتىياجلىق جايلارغا ئېلىپ بېرىپ، بەلگىلەنگەن بويىچە چۈشۈرىدىغان ۋاسىتىدۇر. ئۇلاردىن چۈشكەن سۇ ئارقىلىق ئۆلۈك يەرلەر جانلىنىدۇ، ھەر تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ ۋە پۈتۈن جانلىقلارنىڭ رىزقى ھاسىل بولىدۇ. يارىتىلغان بۇ ئايەتلەرگە ئەقىل كۆزى بىلەن قارىغان كىشى ئۇلاردىن ئالدىنقى (163 -) ئايەتتىكى ھەقىقەتلەرنىڭ راستلىقىنى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايەتلەر ھەر ئىنساننىڭ كۆز ئالدىدا مەۋجۇتتۇر، لېكىن ئەقىل كۆزى بىلەن قارىمىغانلار ئۇلارنىڭ مۆجىزىلىكىنى، سىر ۋە ھېكمەتلىرىنى كۆرەلمەيدۇ. دېمەككى، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى، قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ ۋە ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى، رەھمىتىنىڭ كەڭ ۋە نېمىتىنىڭ سان - ساناقسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر ئارىسىدا ياشايدۇ. ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەر ئۇ دەلىللەردىن مەزكۇر ھەقىقەتلەرنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى، ئاللاھ تائالا ھەر ئىنسانغا ئەقىل ئاتا قىلغان. ئىككى ئالەمدە زىيان تارتىدىغانلار ئەقلى بولمىغانلىقتىن ئەمەس، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكتىن زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَتَّخِذُ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْدَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّهِ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِلَّهِ ۗ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ
بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى) — مۇھەممەد سالىھ
بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى دوست تۇتقاندەك دوست تۇتىدۇ. مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيتتى) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى[49] ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ! — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئەقىل كۆزى بىلەن قارىمىغانلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرگەن نەرسىلىرى قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكى ئىسىملار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ: 1) «تەماسىل - تماثيل»، بۇ «تىمسال - تمثال» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، چوقۇنۇش ئۈچۈن تاش، ياغاچ، لاي، گەج، مېتال قاتارلىقلاردىن ئادەم ياكى بىرەر ھايۋان شەكلىدە ياسالغان ھەيكەلنى كۆرسىتىدۇ. 2) «ئەسنام - أصنام»، بۇ «سەنەم - صنم» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، يۇقىرىدىكى «تەماسىل»نى ۋە چوقۇنۇلغان باشقا ئانئورگانىك (ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانات دۇنياسىغا مەنسۇپ بولمىغان) ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. 3) ئەۋسان «أوثان»، بۇ «ۋەسەن - وثن» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بۇتلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر «ۋەسەن»دۇر. شۇنىڭدەك جىن، ئىنسان، ھايۋان، دەرەخ ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ ئىچىدىن ئىبادەت قىلىنغان، دۇئا قىلىنغان ۋە ئاللاھقا قىلىنىدىغان سەۋىيەدە ئىتائەت قىلىنغان، ئاللاھ بىلەن تەڭ سەۋىيەدە سۆيۈلگەن، ئۈمىد باغلانغان ۋە قورقۇلغانلاردىن ھەر بىرى بىرەر «ۋەسەن»دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كەلىمە (ئەۋسان) يۇقىرىدىكى «تەماسىل» ۋە «ئەسنام»نىڭ مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىكى باتىل ئىلاھلارنىمۇ ئىپادىلەيدۇ: (1) ئاللاھنى قويۇپ شەرتسىز ۋە ئىختىيارىي ھالدا ئىتائەت قىلىنغان كۈچ ياكى ھوقۇق ئىگىلىرى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى فىرئەۋن بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. (2) ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپ ھالدا ئىتائەت قىلىنغان موللا - ئىشانلار. (3) چوقۇنۇلغان جىنلار. بەزى مۇشرىكلار ئاللاھقا بەزى جىنلارنى شېرىك قىلىدۇ. (4) ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ئىتائەت قىلىنغان نەپسى خاھىشلار. بەزىلەر ئاللاھقا ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى، كۆڭۈل ئارزۇسىنى ۋە ھاۋايى - ھەۋىسىنى شېرىك قىلىدۇ. مۇشرىكلار ئەنە شۇ نەرسىلەرنى ئاللاھنى سۆيگەندەك سۆيىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھقا ئىتائەت قىلغاندەك ئىتائەت قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارغا ئىبادەت قىلىدۇ. بۇ زالىملار ئازابنى كۆرىدىغان چېغىدا (قىيامەت كۈنى) كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا ئائىت بولىدىغانلىقىنى (ھازىر دۇنيادا) بىلگەن بولسا، بۇ قىلمىشىدىن يانغان ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى. بۇ ئايەتتە، ئەنە شۇ نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىكلار ئەيىبلىنىدۇ ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئۇلارغا ئوخشىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تۆۋەندىكىچە: مۇشرىك - ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى، ئېھتىرامى ۋە ئىتائىتىگە بىرەر شەيئىنى ياكى بىرەر كىشىنى ئورتاق قىلغان كىشىدۇر. مۇئمىن بولسا، ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى، ئېھتىرامى ۋە ئىتائىتىگە ھېچ شەيئىنى ۋە ھېچكىمنى ئورتاق قىلمىغان كىشىدۇر. ئايەتنىڭ «مۇشرىكلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ»، «مۇئمىنلار ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىلىرى بۇ ئىنچىكىلىككە دالالەت قىلىدۇ. دېمەككى، ئىنسان ئاللاھتىن غەيرىينىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت بىلەن تەڭ سەۋىيەدە بولغىنى ئىماننى بۇزىدۇ (شېرىك ھېسابلىنىدۇ)، تۆۋەن سەۋىيەدە بولغىنى ئىمانغا دەخلى قىلمايدۇ (رۇخسەت بېرىلىدۇ). شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيۈشكە رۇخسەت بېرىلگەن، سۆيۈش ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى سۆيۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن: ۋەتەن - مىللەت، يۇرت - مەھەللە، ئاتا - ئانا، بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇغقان، يېقىن - يورۇق ۋە مال - مۈلۈك قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرۈش ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت بىلەن تەڭ بولۇپ قالمىسىلا، ئۇنىڭغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 166-ئايەت) تۇغقانچىلىق مۇناسىۋېتىنىڭ ئۈزۈلۈشى ئىلاھىي ئازاب قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان ئېتىقادىي دوست ۋە دۈشمەنإِذْ تَبَرَّأَ الَّذِينَ اتُّبِعُوا مِنَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا وَرَأَوُا الْعَذَابَ وَتَقَطَّعَتْ بِهِمُ الْأَسْبَابُ
ئەينى ۋاقىتتا ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى (يەنى دۇنيادىكى دوستلۇقى) ئۈزۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاشۇ ۋاقىتتا (يامان يولغا باشلىغان) باشلامچىلار ئازابنى كۆرۈپ، ئەگەشكۈچىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى يېتەكچىلەر ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ، ئازابنى كۆرىدۇ ۋە ئارىلىرىدىكى پۈتكۈل مۇناسىۋەت ئۈزۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(166-167) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئاساسەن باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇشرىكلار جامائەسى ئىككى تەبىقىگە ئايرىلىدۇ: بىرى ئەگىشىلىدىغان تەبىقە، يەنە بىرى ئەگىشىدىغان تەبىقە. ئۇلار بۇ دۇنيادا ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ ئۆتىدۇ، لېكىن قىيامەت كۈنى ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ: ئەگىشىلگەنلەر ئەگەشكۈچىلەرگە ئەسقاتمايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن قاچىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەشكەنلەر ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەبىقە ئارىسىدا مۇنازىرە بولىدۇ، لېكىن بۇ لەنەت ئوقۇش ۋە مۇنازىرىلىشىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. بۇ ئىككى ئايەت ئەنە شۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتنىڭ بىر قىسمىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 167-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى ئىلاھىي ئازاب قىيامەت كۈنىدىكى پۇشايمان قارىغۇلارچە ئەگىشىشوَقَالَ الَّذِينَ اتَّبَعُوا لَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَتَبَرَّأَ مِنْهُمْ كَمَا تَبَرَّءُوا مِنَّا ۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ حَسَرَاتٍ عَلَيْهِمْ ۖ وَمَا هُمْ بِخَارِجِينَ مِنَ النَّارِ
ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا ـ جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا ـ جۇدا بولاتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزگە دۇنياغا قايتىشقا مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇلار بىزنى تاشلاپ كەتكەندەك، بىزمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كېتەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا يامان ئىشلىرىنىڭ پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز چىقالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئەگەشكۈچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى قولىمىزغا پۇرسەت كەلسە، ئۇلار بىزدىن ئادا - جۇدا بولغـاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولساق!». ئاللاھ ئۇلارغا پۈتۈن قىلمىشلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى بېسىۋالغان ھەسرەتلەر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتىن چىقىشى مۇمكىن ئەمەس[50]. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا النَّاسُ كُلُوا مِمَّا فِي الْأَرْضِ حَلَالًا طَيِّبًا وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال ـ پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال ـ پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار بەزى ھايۋانلارنى ۋە بەزى ئېكىنلارنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى يېمەيتتى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن كىشىلەرلا يېيەلەيتتى. ئۇلار شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئاللاھ بىزنى بۇنىڭغا ئەمر قىلدى دەپ ئاللاھقا تۆھمەت چاپلايتتى. ئالدىنقى ئايەتلەردە مۇشرىكلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكتىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئىنسانلار زېمىندىكى ئاشلىقلار، ئوتياشلار، مېۋىلەر، ھايۋانلاردىن ھالال ۋە پاك بولۇش شەرتى بىلەن يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە شەيتانغا ئەگىشىشتىن چەكلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ مۇشرىكلار مەزكۇر قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋە باشقا ئىنسانلار ئۇلارغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ. «ھالال - حلال» - شەرىئەت چەكلىمىگەن نەرسە دېگەن بولۇپ، بۇغداي، قوناق ۋە مېۋە - چېۋىگە ئوخشاش ماھىيىتىدە ھاراملىق بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «پاك - طيب» - ساغلام ئەقىللىق، پاكىز تەبىئەتلىك، ئىنسانىي پەزىلەت ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتمىغان كىشى ياقتۇرىدىغان ۋە كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ئىستېمال قىلىدىغان نەرسە دېگەن بولۇپ، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ياكى باشقا ھارام يوللارنىڭ بىرى بىلەن قولغا كەلمىگەن ھالال نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىر نەرسىنىڭ يېگىلى، ئىچكىلى ۋە پايدىلانغىلى بولۇشى ئۈچۈن ئۇ نەرسىدە بۇ ئىككى شەرت مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە «ھالال» ئىپادىسى «پاك» دېگەن مەنىنىمۇ، «پاك» ئىپادىسى «ھالال» دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرەر نەرسىنىڭ ھاراملىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىلنىڭ يوقلۇقى، ئۇ نەرسىنىڭ «ھالال»لىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا مۇشرىكلارنىڭ بەزى ھايۋان ۋە ئېكىنلارنى ھارام دېيىشى ھەددىدىن ئاشقانلىقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا يَأْمُرُكُمْ بِالسُّوءِ وَالْفَحْشَاءِ وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
شەيتان سىلەرنى ھەقىقەتەن يامانلىقلارغا، قەبىھ گۇناھلارغا ۋە ئاللاھ نامىدىن، يالغاندىن (ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ۋە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ) سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شەيتان سىلەرنى ھەقىقەتەن يامانلىقلارغا، قەبىھ گۇناھلارغا ۋە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەمدە ئۇ سىلەرنى داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىشقا، ھاياسىزلىق قىلىشقا ۋە ئاللاھ توغرىسىدا بىلمەي گەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت شەيتاننىڭ يامانلىققا، قەبىھ سۆز - ھەرىكەتكە ۋە ئاللاھقا تۆھمەت چاپلاشقا بۇيرۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالدىنقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر» دېگەن ئىپادىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، يەنى شەيتاننىڭ قانداق دۈشمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى يامانلىققا بۇيرۇشى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئۇلارنى يامانلىققا بۇيرۇشنىڭ سەۋەبى بولغانلىقى ئۈچۈن شەيتاننىڭ بۇ سۈپىتى بىلەن پېئىلى بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە شەيتانغا ئەگىشىش چەكلەنگەن ئىككى ئايەتتە شەيتاننىڭ «دۈشمەن»لىك سۈپىتى، بىر ئايەتتە ئۇنىڭ يامانلىققا بۇيرۇش پېئىلى زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّبِعُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا بَلْ نَتَّبِعُ مَا أَلْفَيْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۗ أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ
ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە (يەنى ۋەھىيگە) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، (يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ
ھەرقاچان مۇشرىكلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان نەرسىگە ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، (يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق! بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ. ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرى ئەقلىنى ھېچ نەرسىگە ئىشلەتمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق! بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ. ئۇلار، ئاتا - بوۋىلىرى ئەقلىنى ھېچ نەرسىگە ئىشلەتمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟ بۇ ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ جاھىللىقى، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئىشلەتمىگەنلىكىنى ۋە توغرا يولدا مېڭىپ ماڭمىغانلىقىنى ئېنىقلىمايلا ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. دەرۋەقە دەلىلگە قايىل بولماسلىق، ھەقكە بويۇنتاۋلىق قىلىش ۋە ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش پۈتۈن مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقكە چاقىرىلغان مۇشرىكلار جامائەسى ئەنە شۇ سۆزنى قىلىپ ھەقنى قوبۇل قىلمايدۇ، باتىل قىلمىشىنىڭ سەۋەبى سورالغان مۇشرىكلار جامائەسى ئەنە شۇنداق باھانە كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا كَمَثَلِ الَّذِي يَنْعِقُ بِمَا لَا يَسْمَعُ إِلَّا دُعَاءً وَنِدَاءً ۚ صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
كاپىرلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچى خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشىنى ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان چاھارپايلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، (كاپىرلار ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاستۇر، (ھەقنى سۆزلەشتىن) گاچىدۇر، (ھەقنى كۆرۈشتىن) كوردۇر، ئۇلار (ۋەز ـ نەسىھەتنى) چۈشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كافىرلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچى خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشنى ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان چاھارپايلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. كافىرلار بەئەينى گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر، شۇڭا ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەتنى) چۈشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارنىڭ ئەھۋالى، شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشكى، ئۇ چاقىرىق ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان نەرسىگە توۋلايدۇ. ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ[51]. — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلارنىڭ ئەھۋالى، شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشكى، ئۇ چاقىرىق ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان نەرسىگە توۋلايدۇ. ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىر ئايەتتە جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن قەلبلىرى بار تۇرۇقلۇق چۈشەنمەيدىغان، كۆزلىرى بار تۇرۇقلۇق كۆرمەيدىغان، قۇلاقلىرى بار تۇرۇقلۇق ئاڭلىمايدىغان كىشىلەرنى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشىتىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، شۇنداقلا تولىسى ئاڭلىمايدىغان ياكى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەرنى ئۇ ھايۋانلارغا ئوخشىتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ ئىشلەتمىگەنلىكىنى، توغرا يولدا بولۇپ بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىمايلا ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەن كافىرلارنى، پادىچىنىڭ توۋلىشىدىن ئۈن ۋە ئاۋازىنىلا ئاڭلايدىغان، سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان پادىغا ئوخشىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىككى ئايەتتە قەلبىنى، ئەقلىنى، ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ «كافىرلار» ئىكەنلىكىنى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قىلىنغان سۆزدىن ھېچ نەرسە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ، كافىرلارنىڭ ئۇ ھايۋانلارغا تەقلىد قىلىش ۋە چۈشەنمەسلىكتە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 47 - سۈرە (مۇھەممەد)نىڭ 12 - ئايىتىدە كافىرلارنىڭ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر يېگەندەك يەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، كافىرلار بىلەن ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاقىۋەتنى ئويلىماستىن ۋاقىتلىق زوقلىنىشقىلا بېرىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق نۇقتىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 172-ئايەت) يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى شۈكۈريَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَاشْكُرُوا لِلَّهِ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ ھەددى ـ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار! — ئەنەس ئالىم
بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ يەرگىچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىنسانلارنىڭ تۈرلىرى، تەۋھىد ۋە پەيغەمبەرلىك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى)نىڭ دەلىللىرى بىلدۈرۈلىدۇ، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيانلارغا رەددىيەلەر بېرىلىدۇ. بۇ ئايەتتىن باشلاپ شەرىئەت ئەھكاملىرى بايان قىلىنىدۇ. 168 - ئايەتتە بارلىق ئىنسانلار، خۇسۇسەن مۇشرىكلار زېمىندىكى نەرسىلەردىن ھالال ۋە پاك بولۇش شەرتى بىلەن يېيىشكە ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، مۇئمىنلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن پاك رىزىقلاردىن يېيىشكە ئەمر قىلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى نېمەت دەپ بىلىپ، ئۇلاردىن لازىملىقلىرىنى توغرا يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ پايدىلىنىش ۋە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار» دېگەن مەنىدىكى شەرت جۈملىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنىڭ ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇشى، ئاللاھقا شۈكۈر قىلماسلىقنىڭ ئاللاھقا كۇفىرلىق قىلغانلىق ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئايەتتىكى «پاك رىزىقلار» - «ھارام، ساقلىنىڭلار، يېمەڭلار، ۋە چەكلىنىدۇ» دېگەندەك بىرەر ئىپادە بىلەن چەكلەنمىگەن «ھالال ۋە پاك» نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن بىرەر نەرسىنى «ھارام» دەپ بىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ھالال يول بىلەن پايدىلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەددىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ. يەيدىغان نەرسىنىڭ پاك بولۇشى ئۇ نەرسىنىڭ ماھىيىتىدە ھاراملىق يوق ئىكەنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا تارىخ بويىچە ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەر يېيىشكە بۇيرۇلغان نەرسىلەر «ھالال نەرسىلەر» دېيىلمەستىن، «پاك نەرسىلەر» دەپ ئاتالغان. بۇ ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە پاك نەرسىلەرنىڭ ھالال، ناپاك نەرسىلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى پاك نەرسىلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا ھارام قىلىنىشى ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بېرىلگەن جازا بولۇپ، ئۇلارغا خاس ۋە ۋاقىتلىق ھارام قىلىنىش بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ھاراملىقنى ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىكار قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە قىيامەتكە قەدەر مۇئمىنلارنى بىرەر نەرسىنى ئۆزى چاغلاپ ھارام دېيىشتىن توسقان، شۇنداقلا زېمىندىكى ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يېيىشكە بۇيرۇغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةَ وَالدَّمَ وَلَحْمَ الْخِنْزِيرِ وَمَا أُهِلَّ بِهِ لِغَيْرِ اللَّهِ ۖ فَمَنِ اضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلَا عَادٍ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، توڭگۇز گۆشىنى، ئاللاھتىن باشقىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى ھارام قىلدى، كىمكى (بۇ نەرسىلەردىن) ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، توڭگۇزنىڭ گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىلا ھارام قىلدى. كىمكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەجبۇر بولۇپ، ئۇلاردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مۇئمىنلارنى پاك نەرسىلەردىن يېيىشكە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئۇلارغا ھارام قىلغان نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ. ئۇ نەرسىلەر ئۆلتۈرۈپ يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، ھايۋاننى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇپ بوغۇزلانغان ھايۋان. بۇ ھاراملار باشقا يەنە ئۈچ ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئايەتلەر بىر - بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ. مەسىلەن: بۇ ئايەتتە «قان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئېنىق ئىسىم بولغان «ئەددەمۇ - الدم» بولۇپ، بۇ ھايۋان بوغۇزلىنىپ جېنى چىققاندىن كېيىن گۆشنىڭ ئارىسىدا قالغان قانلارنى ئەمەس، ھايۋاننى بوغۇزلىغاندا ئۇنىڭ تومۇرلىرىدىن ئېقىپ چىققان مەخسۇس قاننى يەنى 6 - سۈرە (ئەنئام)نىڭ 145 - ئايىتىدىكى «ئېقىتىلغان قان - دما مسفوحا»نى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ توغرىدا ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان (5 - سۈرە مائىدە، 3 -) ئايەتتە، بۇ ھاراملار تەكرار بايان قىلىنىش بىلەن بىرلىكتە «ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان»نىڭ قاتارىغا «بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن، باشقا ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يىرتقۇچلار يەپ قويغان ھايۋانلار»نىڭمۇ كىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئەسكەرتىش: مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى «ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان - الميتة» دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، چۈنكى باشقا بىر ئايەتتە دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغانلىرىنىڭ ھالال قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۙ أُولَٰئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلَّا النَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر (چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا سېتىۋېتىدىغانلار ___ ئەنە شۇلار قارنىغا پەقەت دوزاخ ئوتىنىلا يەيدۇ*[1]، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
(174-176) ئەھلى كىتاب (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)نىڭ ئۆلىما ۋە راھىبلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كىرىمى (دۇنيالىق مەنپەئەتى) توختاپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆز كىتابلىرىدىكى ھەقىقەتلەرنىڭ تولىسىنى، خۇسۇسەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بەزىلەردىن يوشۇراتتى، بەزىلەرگە مەنىلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرەتتى، نەتىجىدە ئىنسانلارنى توغرا يولدىن توساتتى، شۇنداقلا كىرىمىنى داۋاملاشتۇراتتى. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ 159 - ئايىتىدە ئۇلارغا لەنەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ۋە جازالىرىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇ «لەنەت»نىڭ نەتىجىسىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئمىنلارنىڭ ئۆلىمالىرىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئۆز مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرمەسلىك ۋە ئىنسانلارنىڭ توغرا يولغا كىرىشىگە توسالغۇ بولماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇىدۇ، شۇنداقلا دىننى مەنپەئەت ۋاسىتىسى قىلىۋالغان «دىن پۇرۇش»لارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئازابنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: 1) «قورسىقىغا ئوت يېيىش»، ئايەتلەرنى يوشۇرۇش ۋە بۇرمىلاش بەدىلىگە دۇنيادا قورساقلىرىغا يېمەكلىك يېگەنلەر، بۇ قىلمىشىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئاخىرەتتە قورساقلىرىغا دوزاخ ئوتىنى يەيدۇ. 2) «ئاللاھنىڭ ئۇلارغا گەپ قىلماسلىقى»، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا خۇشاللىنارلىق گەپ قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى باشقا ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئازارلاش ۋە تەنقىدلەش ئۈچۈن گەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 3) «ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى پاكلىماسلىقى»، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 4) «ئۇلارنىڭ ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىشى»، بۇ ئۇلارنىڭ دوزاختىكى پۈتكۈل ئازاب بىلەن مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جازا ۋە ئازابنىڭ سەۋەبى شۇكى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە بويسۇنۇپ، ھاياتىنى ئايەتلەرگە توغرىلاشنىڭ ئورنىغا، ئايەتلەرنى ئۆز مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ، ئۆز ھاياتىغا توغرىلىغان، شۇنداقلا زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى نىجاتلىققا تېگىشكەن كىشىلەردۇر. 175 - ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى: «ئۇلار دوزاخ ئوتىغا نېمىدېگەن چىداملىق!» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى قەستەن يوشۇرغانلىقىنى، ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇرمىلىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئازابقا ھەقىقەتەن لايىق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 176 - ئايەتتىكى «كىتاب» تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلار بولۇپ، ئۇ كىتابلاردىكى ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلمىغانلار، ئۇلارنى قوبۇل قىلغانلار بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قارىمۇقارشى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئېتىقاد ۋە ئەمىلى، ئاخىرەتتە ھېساب - كىتابى ۋە مەڭگۈلۈك ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەسكەرتىش: ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى يوشۇرۇش ۋە بۇرمىلاش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتى قانچىلىك كۆپ بولسا بولسۇن، ئۇلار ئايەتلەرگە ئەمەل قىلغان تەقدىردە قولغا كەلتۈرىدىغان مەڭگۈلۈك بەخت - سائادەتكە نىسبەتەن بەك ئاز بولغاچقا، بۇ مەنپەئەت ئۈچۈن «ئازغىنە پۇل» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَىٰ وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ ۚ فَمَا أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ
ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا (يەنى جەننەتنى دوزاخقا) تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق! — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغپىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق - ھە! — ئەنەس ئالىم
-
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ نَزَّلَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ ۗ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِي الْكِتَابِ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
بۇ (قاتتىق ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ كىتابنى ھەقىقەت بىلەن نازىل قىلدى، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلغۇچىلار چۇڭقۇر نىزادىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ قاتتىق ئازاب كېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئاللاھ تەۋراتنى ھېكمەت بىلەن نازىل قىلدى (ئۇلار بولسا ئۇ تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى يوشۇردى ۋە ئۆزگەرتىۋەتتى)، تەۋرات توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن قاتتىق تالاش-تارتىش ئىچىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق، چۈنكى ئاللاھ كىتابنى ھەق بىلەن نازىل قىلغان. ئۇ كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقتىن بەك يىراقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
(2-سۈرە بەقەرە، 177-ئايەت) ۋەدىگە ۋاپا تەقۋادارلىق ئىمان پەرز ناماز زاكات سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەشلَيْسَ الْبِرَّ أَنْ تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا ۖ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزلىنىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر ئىمانىدا راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يولۇچىلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بەرگەن، نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتا، جاپا - مۇشەققەتتە ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. ئەنە شۇلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىماننىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلىش، باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇرۇق - تۇغقان ۋە موھتاجلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئەلا بىلىش، بەش ۋاقىت نامازنى ئۆتەش، زاكاتنى بېرىش، ئەھدىگە ۋە توختامغا رىئايە قىلىش، قىيىنچىلىقتا، كېسەللىكتە ۋە جەڭدە سەۋر قىلىش قاتارلىقلارنىڭ «ياخشى ئىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ راستچىل كىشىلەر ۋە تەقۋادار كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇنلىغان ئايەتتە مەدھىيەلىگەن ، دۇنيادا نۇسرەت، ئاخىرەتتە جەننەت ۋەدە قىلغان راستچىللارنىڭ ۋە تەقۋادارلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى تونۇتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِصَاصُ فِي الْقَتْلَى ۖ الْحُرُّ بِالْحُرِّ وَالْعَبْدُ بِالْعَبْدِ وَالْأُنْثَىٰ بِالْأُنْثَىٰ ۚ فَمَنْ عُفِيَ لَهُ مِنْ أَخِيهِ شَيْءٌ فَاتِّبَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ وَأَدَاءٌ إِلَيْهِ بِإِحْسَانٍ ۗ ذَٰلِكَ تَخْفِيفٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَرَحْمَةٌ ۗ فَمَنِ اعْتَدَىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىل ئۈچۈن (دىنىي) قېرىندىشى تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ، جىنايەتچىدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى لازىم، (قاتىلمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە (كېچىكتۈرمەستىن، كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق) بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە بېرىلگەن) يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى دىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن)، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن (يەنى قاتىلنى ئۆلتۈرگەن) ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ئازاد ئادەم ئۈچۈن ئازاد ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىل ئۈچۈن (دىنىي) قېرىندىشى تەرىپىدىن بىرنەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا، كەچۈرۈم قىلغۇچى تۆلەمنى چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى لازىم، قاتىلمۇ تۆلەمنى ئۇنىڭغا چىرايلىقچە بېرىشى لازىم. بۇ ھۆكۈم پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن قاتىلغا ھۇجۇم قىلغان ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش پەرز قىلىندى: ھۆرگە ھۆر، قۇلغا قۇل، ئايالغا ئايال. قېرىندىشى تەرىپىدىن قىسمەن ئەپۇ قىلىنغان كىشى مەئرۇفقا ئەگىشىپ[52]، ئەپۇ قىلغان قېرىندىشىغا چىرايلىقچە دىيەتنى[53] تۆلىشى لازىم. بۇ رەببىڭلارنىڭ ئاسانلاشتۇرىشى ۋە رەھىم قىلىشىدۇر. كىم بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشىدىكەن ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتىكى «قېرىنداش» ئۆلتۈرۈلگەن كىشى ياكى ئۇنىڭ ۋەلىيسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋەلىيسى قاتىلدىن قىساس ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ دىيەت (تۆلەم) ئېلىشقا رازى بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇنىڭ قاتىلدىن دىيەتنى چىرايلىقچە ۋە سىلىق مۇئامىلە بىلەن تەلەپ قىلىشى، قاتىلنىڭمۇ دىيەتنى ئۇنىڭغا كېچىكتۈرمەستىن ۋە كېمەيتمەستىن ئادا قىلىشى لازىم. رىۋايەت قىلىنىشىچە، جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر قەبىلە ئۆزىنى باشقا بىر قەبىلىدىن ئۈستۈن كۆرەتتى، قارشى قەبىلىدىن بىر قۇل بۇلارنىڭ بىر قۇلىنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئۇ قەبىلىدىن بىر ھۆر كىشىنى ئۆلتۈرەتتى. قارشى قەبىلىدىن بىر ئايال بۇلاردىن بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇنىڭ قىساسى ئۈچۈن بىر ئەر كىشىنى ئۆلتۈرەتتى، ھەتتا بىر ئەر كىشىنىڭ قىساسى ئۈچۈن قارشى قەبىلىدىن ئىككى ئەر كىشىنى ئۆلتۈرەتتى. بۇ باتىل ئادەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن بۇ ئايەت نازىل بولغان. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قىساسىنى ئېلىش يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ قاتىلىنى ئوخشاش شەكىلدە ئۆلتۈرۈش پەرز قىلىندى. شۇڭلاشقا بىرگە بىر، ھۆرگە ھۆر. قۇلغا قۇل، ئايالغا ئايال ئۆلتۈرۈلىدۇ. يەنى قاتىل كىم بولسا قىساس شۇنىڭدىن ئېلىنىدۇ. جاھىلىيەتتە بولغاندەك، بىر كىشىنىڭ قىساسى ئۈچۈن ئىككى كىشى، بىر ئايالنىڭ قىساسى ئۈچۈن بىر ئەر كىشى يا ئىككى ئايال كىشى، بىر قۇلنىڭ قىساسى ئۈچۈن بىر ھۆر كىشى ياكى ئىككى قۇل ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىگىسى (ۋەلىيىسى) ياكى ئىگىلىرىدىن بىرى قىساستىن ۋاز كېچىپ دىيەتكە رازى بولسا، قاتىل بۇنى قوبۇل قىلسۇن. بۇ تەقدىردە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى ياكى ئىگىلىرى قاتىلدىن سىلىق ۋە يۇمشاق مۇئامىلە بىلەن دىيەت تەلەپ قىلسۇن، قاتىلمۇ دىيەتنى كېچىكتۈرمەستىن ۋە كېمەيتمەستىن چىرايلىقچە ئادا قىلسۇن. بۇ ئىشتا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىگىلىرىگە تولۇق ئىختىيار بېرىلىدۇ: ئۇلار خالىسا مەھكىمىدىن قىساس تەلەپ قىلىدۇ ۋە قاتىل ئۇلارنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، خالىسا قىسمەن ئەپۇ قىلىپ دىيەت ئالىدۇ، خالىسا تامامەن ئەپۇ قىلىپ قىساسمۇ دىيەتمۇ ئالمايدۇ، چۈنكى بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا تولۇق ھوقۇق بېرىلگەن. «كىمكى ھەددىدىن ئاشسا» يەنى قىساستىن ۋاز كېچىپ دىيەتنى ئالغاندىن كېيىن قاتىلنى ئۆلتۈرسە، ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك، بۇ ئايەت ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرىنىڭ جازاسىنى بەلگىلەشتە جاھىلىيەت قالدۇقى بولغان بىر زۇلۇمنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، لېكىن قىساسنىڭ ئەر - ئايال، قۇل - ئازاد پەرق ئەتمەستىن «جانغا جان» يەنى ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدە قاتىلنىڭ ياكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جىنسىيىتى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھالىتى ئەمەس، ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت ئاساس قىلىنىدۇ، شۇنداقلا جازا جىنايەتچىنىڭ ئۆزىگە بېرىلىدۇ. بۇنى «ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەڭلار، ھەق بىلەن ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئايەتلەر كۆرسىتىدۇ. «بىز تەۋراتتا جانغا جان قىساس ئېلىنىدۇ دەپ يازدۇق» دېگەن مەنىدىكى ئايەت نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمگە خىلاپ كېلىدىغان بىرەر ھۆكۈمنىڭ نازىل بولماسلىقىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. يەنى قىساستا «جانغا جان» ئاساستۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَكُمْ فِي الْقِصَاصِ حَيَاةٌ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەممۇ ئۆلۈشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ). (ناھەق قان تۆكۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس يولغا قويۇلدى) — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا كۆپ ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىر كىمنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، ناھەق قان تۆكۈشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن قىساس يولغا قويۇلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! قىساس ئېلىشتا سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بار. بۇ سەۋەب بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىسىلەر! — ئەنەس ئالىم
«قىساس ئېلىشتا سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بار»، يەنى قىساس ئېلىش قانۇنىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشتا سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بار، چۈنكى بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭ قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشى، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىدىن يانىدۇ، ئۇنىڭغا چېقىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قالىدۇ، نەتىجىدە جەمئىيەتتە ئامانلىق ۋە ئاسايىشلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر كىشىنىڭ جان ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ئىجتىمائىي ھايات ھەقىقىي مەنىدە ھايات بولىدۇ، ئائىلىۋى ھايات خاتىرجەملىك ۋە ئاراملىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئىسلامنىڭ ھەر جىنايەتكە بېرىدىغان جازاسى مانا مۇشۇنداق ياشىتىش، قۇتقۇزۇش ۋە تۈزىتىش ئۈچۈندۇر. بۇنى پەقەت «ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى» چۈشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كُتِبَ عَلَيْكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ إِنْ تَرَكَ خَيْرًا الْوَصِيَّةُ لِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُتَّقِينَ
ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا ۋە خىش ـ ئەقرىبالىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى سۈپىتىدە پەرز قىلىندى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال-دۇنيا قالدۇرار بولسا، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى پەرز قىلىندى*[1]، بۇ تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن بىرەيلەن كۆپ مال قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى ئۈچۈن ۋەسىيەتنى[54] مەئرۇفقا ئۇيغۇن ئىجرا قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. بۇ تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەزىپىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(180-181) ۋەسىيەت - بۇيرۇماق، ئەمر قىلماق، تاپىلىماق، جېكىلىمەك، تەكىتلىمەك، تاپشۇرماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «تەۋسىيە - التوصية» ۋە «ئىيسائــ - الإيصاء» تۈپ سۆزلىرىنىڭ (مەسدەرلىرىنىڭ) ئوبيېكتى بولغان نەرسىدۇر (ۋەزىپىدۇر). ئۇ تۈپ سۆزلەردىن تۈرلەنگەن پېئىل ۋە سۈپەتلەر قۇرئان كەرىمدىمۇ يۇقىرىدىكى مەنىلەردە كېلىدۇ. دەرۋەقە قۇرئان كەرىمدە مۇھىم ئىشلار ئۇ كەلىمىلەر بىلەن بۇيرۇلغان. مەسىلەن: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَمَنْ بَدَّلَهُ بَعْدَمَا سَمِعَهُ فَإِنَّمَا إِثْمُهُ عَلَى الَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى پەقەت ئۇنى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىمكى ئۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ گۇناھى ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچىلەرگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
فَمَنْ خَافَ مِنْ مُوصٍ جَنَفًا أَوْ إِثْمًا فَأَصْلَحَ بَيْنَهُمْ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ئارىسىنى تۈزەپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلار (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلار) نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ بىرەر ناھەقچىلىك قىلىشىدىن ياكى بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن قورقىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ قويسا ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
يۇقىرىدا (180 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدە) زىكىر قىلىنغاندەك، ئاللاھنىڭ ۋەسىيىتى - ئاللاھ تائالا، «تەۋسىيە ۋە ئىيسائـ» تۈپ سۆزلىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىللار بىلەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردۇر. بەندىنىڭ ۋەسىيىتى - ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى گۇۋاھچىلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىراپ قىلغان ۋە ۋارىسلىرىنىڭ تۆلىۋېتىشىنى ئېيتقان قەرزىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزئارا قەرەللىك قەرز مۇئامىلىسى قىلىشماقچى بولغانلارنى يېزىپ ھۆججەتلىشىشكە بۇيرۇيدۇ، سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن يېزىپ بېرىدىغان بىرىنى تاپالمىغانلارنى گۆرۈ ئېلىپ تۇرۇپ قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەرز مۇئامىلىسى قىلماقچى بولغانلار بىر - بىرىگە ئىشەنسە گۆرۈ ئالمايلا مۇئامىلە قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى ئۆز ۋاقتىدا بىرەيلەندىن ھۆججەتسىز ۋە گۆرۈسىز قەرز ئالغان بولسا، ئاندىن ئۇنى تۆلەپ بولغۇچىلىك ئۇ كىشىگە ئۆلۈمنىڭ ئالامەتلىرى كەلگەن بولسا، ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى بۇنى شاھىتلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىراپ قىلىشى لازىم. ئۇ كىشىنىڭ قەرزىنى ئېتىراپ قىلىش ئەسناسىدا، ئېلىشى بولغان كىشىگە ياكى ۋارىسلىرىغا بىرەر زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلغانلار، ئۇ كىشى بىلەن ئېلىشى بولغان كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېلىشتۈرۈپ قويسا گۇناھكار بولمايدۇ. مەسىلەن: ئۇ كىشىنىڭ ئەسلىدە يۈز تەڭگە قەرزى بولۇپ ئۆلۈمى ئەسناسىدا سەكسەن تەڭگە قەرزىم بار دەپ، ئېلىشى بولغان كىشىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، ياكى يۈز ئەللىك تەڭگە قەرزىم بار دەپ ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، بۇ تەقدىردە مەزكۇر ئېھتىماللارنى ھېس قىلغانلار ئېلىشى بولغان كىشىگە ئېلىشىدىن بىر مىقدارنى چۈشۈرۈپ بېرىش، قەرزدارغا ئاللاھتىن قورقۇشى ۋە قەرزىنى ئەينەن ئېتىراپ قىلىشى، شۇنداقلا ۋارىسلىرىغا تېز تۆلىۋېتىشى توغرۇلۇق ۋەزىپە تاپشۇرۇشى ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ ئوتتۇرىسىدا سۈلھى قىلىپ قويسا گۇناھكار بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ روزا پەرز قىلىندى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. خۇددى سىلەردىن بۇرۇنقىلارغا پەرز قىلىنغاندەك. تەقۋادار بولغايسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! يەنى ئى ئۇممەتى مۇھەممەد! سىلەرگە روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى، روزا تۇتۇش سىلەردىن بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان ئىدى. روزىنىڭ سىلەرگە پەرز قىلىنىشى، روزىنى تۇتۇپ نەپسىڭلارنى پاكلىشىڭلار، روھىڭلارنى تەربىيىلىشىڭلار ۋە ئىمانىڭلارنى كۈچەيتىشىڭلار، شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا تەقۋالىق ئېڭىنى ئۆزلەشتۈرۈشىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَيَّامًا مَعْدُودَاتٍ ۚ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚ وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ ۖ فَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ ۚ وَأَنْ تَصُومُوا خَيْرٌ لَكُمْ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
(بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ پەرز روزا ساناقلىق كۈنلەردىدۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل بولۇپ ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزا تۇتالمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن) تۇتالمايدىغانلار تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. كىمكى فىديىنى مىقدارىدىن ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (روزا تۇتماي فىديە بېرىشتىن) ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
روزا ساناقلىق كۈنلەردە پەرز قىلىندى. سىلەردىن كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ. روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلار فىديە بەرسۇن. فىديە بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردىكى تائامدۇر. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇشۇڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە ساناقلىق بىرقانچە كۈندە روزا تۇتۇشۇڭلارنى پەرز قىلدى. روزىنى پەرز قىلىشتا سىلەرنى كۈچۈڭلار يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. سىلەردىن كىمكى روزا تۇتۇشى پەرز بولغان ئۇ ساناقلىق كۈنلەردە كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، ئۇنداق كىشىلەر ئۇ كۈنلەردە تۇتماي كېسەل كىشى ساقايغاندىن كېيىن، سەپەر ئۈستىدىكى كىشى سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسا بولىدۇ. روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ بىر مىسكىنگە تائام بېرىشى لازىم. كىمكى بىرەر ياخشى ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدىكەن، ئۇ ئىش ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەسكەرتىش: ئايەتنىڭ «روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغان كىشىلەر بىر مىسكىن تويغۇدەك تائام فىديە بەرسۇن» دېگەن مەنىدىكى قىسمىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تەپسىرلەردە تۆۋەندىكى ئىككى كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: 1) دەسلەپتە مۇئمىنلارغا روزىنى تۇتۇش ياكى تۇتماي بىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق پىديە بېرىش ھەققىدە ئىخىتىيار بېرىلگەن، ئاندىن 185 - ئايەتنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن (184 -) ئايەتنىڭ بۇ قىسمى مەنسۇخ قىلىنغان. بۇ كۆزقاراش ئاجىزدۇر، چۈنكى ئايەت مەنسۇخ قىلىنىدىغان ئىش بولسا بىر ئايەتنىڭ ئىچىدىكى بىر جۈملە ئەمەس، ئەكسىچە بىر ئايەت بىر پۈتۈن ھالدا مەنسۇخ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى» دېگەن قەتئىي ھۆكۈمدىن كېيىن «تۇتساڭلارمۇ بولىدۇ، تۇتماي پىديە بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ» دېگەن مەنىدىكى قوشۇمچە ئىپادە ئىلاھىي كالامنىڭ ئەھمىيىتىگە خىلاپ كېلىدۇ. 2) ئايەتنىڭ بۇ قىسمىنىڭ مەنىسى، «روزىنى تۇتۇشقا قىيىنچىلىق بىلەن تاقىتى يېتىدىغان، روزىنى مۇشەققەت بىلەن تۇتالايدىغان كىشىلەرگە، روزىنى تۇتماي بىر كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىنگە بىر كۈنلۈك تاماق پىديە بېرىش پەرز قىلىندى» دېگەن بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئايەتنىڭ بۇ مەنىدىكى قىسمى 183 - ئايەتنىڭ «سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى» دېگەن مەنىدىكى جۈملىسىگە باغلىنىدۇ، شۇنداقلا ياشىنىپ كەتكەن كىشى، سوزۇلما كېسىلى بولغان ئاجىز كىشى، ھامىلىدار ئايال ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئايال قاتارلىق كىشىلەرنىڭ رامىزاندا ئادا قىلىشى كېرەك بولغان ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭدەك، «ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى» دېگەن ھۆكۈم بايان قىلىنغاندىن كېيىن كېسەل، يولۇچى ۋە روزىنى تەستە تۇتالايدىغان ئاجىز مۇئمىنلارنىڭ ھۆكمى بايان قىلىنىپ رامىزاندا روزىنى تۇتۇشى پەرز قىلىنغان مۇئمىنلارنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئۈچىنچى بىر ئېھتىمالمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ 184 - ئايەتنىڭ بۇ مەنىدىكى قىسمىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرىدا ئادا قىلىنىدىغان «پىترە سەدىقە»سىنىڭ پەرزلىكىنى ئىپادىلىشىدۇر، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە پىترە سەدىقىسىنىڭ پەرزلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ھەدىسلەر ئايەتنىڭ ئەنە شۇ قىسمىنىڭ بايانى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە «ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق كىتابتا توختالدىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 185-ئايەت) شۈكۈر رامىزان روزىسى قەدىر كېچىسى قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى قۇرئاننىڭ ھىدايىتىشَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ ۚ فَمَنْ شَهِدَ مِنْكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر. سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر. شۇڭا، سىلەردىن كىمكى بۇ رامىزان ئېيىنى كۆرسە، روزا تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، (تۇتالمىغان كۈنلىرى ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر. ئۇ شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا[55]، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن. كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[56]، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر! — ئەنەس ئالىم
(185-186) ئى مۇئمىنلار! ئۇ «ساناقلىق بىرقانچە كۈن» رامىزان ئېيىدۇر، يەنى قەمەرىيە يىل ھېسابىدىكى 9 - ئايدۇر. ئاللاھ ئۇ ئايدا ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە توغرا يولنىڭ روشەن دەلىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئاننى نازىل قىلغان. كىمكى بۇ ئايغا ئۆزى ياشاۋاتقان جايدا تېنى ساق ھالەتتە يېتىشسە، يەنى رامىزان ئېيىدا كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولمىغان ھالەتتە بولسا، ئۇ ئاينى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن. كىمكى ئۇ ئايدا ياكى ئۇ ئاينىڭ كۈنلىرىدىن بىرقانچە كۈندە كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولىدىكەن، ئۇنداق كىشىلەر تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ روزىسىنى كېيىن ئۆزرىسى تۈگىگەن كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتسۇن. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ سىلەرگە، بۇيرۇغان ئىشلىرىدا ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى (قىيىنچىلىق تارتىشىڭلارنى) ئىرادە قىلمايدۇ. ئاللاھ سىلەرگە روزا تۇتۇشڭلار پەرز بولغان ئاينى ۋە روزىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بايان قىلدى، ئەمدى سىلەر روزا تۇتىدىغان كۈنلىرىڭلارنىڭ سانىنى بىر ئاي قىلىپ تاماملاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەۋپىق - ھىدايەت نېسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلاڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. «روزا» - ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى، سۈبھى سادىقتىن كۈن پاتقۇچە يېمەك - ئىچمەكتىن ۋە ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن تۇتۇش شەكلىدە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئىسلامنىڭ بىر ئەركانىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئىبادەت ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە بارلىق ئۇممەتلەرگە پەرز قىلىنغان، چۈنكى «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا دىن ئىسلامدۇر». بۇ يەردە بەش ئايەت ئەنە شۇ ئىبادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر: 183 - ئايەت روزىنىڭ ھۆكمى ۋە تارىخىنى، 184 -، 185 ۋە 186 - ئايەتلەر روزىنىڭ ئېيى ۋە پەزىلىتىنى، شۇنداقلا ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى بېرىلگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. «كىم ئۇ ئايدا ھازىر بولسا» - رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە ھايات بولسا، كېسەل بولمىسا، سەپەر ئۈستىدە بولمىسا دېمەكتۇر. «ساننى تولۇقلىشىڭلار» - روزىنى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي بويىچە تولۇق تۇتۇشىڭلار، كېسەل ياكى يولۇچىلىق سەۋەبىدىن بىر ئاي رامىزاننىڭ قانچە كۈنىدە روزا تۇتالمىغان بولساڭلار، شۇ كۈنلەرنىڭ روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتۇپ بىر ئايلىق ساننى تولۇقلىشىڭلار دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ
مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن) — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتىپ قوي) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىندۇرمەن، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ئىمانىدا چىڭ تۇرسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ئۇلارغا ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ الصِّيَامِ الرَّفَثُ إِلَىٰ نِسَائِكُمْ ۚ هُنَّ لِبَاسٌ لَكُمْ وَأَنْتُمْ لِبَاسٌ لَهُنَّ ۗ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ كُنْتُمْ تَخْتَانُونَ أَنْفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنْكُمْ ۖ فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ ۚ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ۖ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ ۚ وَلَا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَقْرَبُوهَا ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ (ئىزاھات: ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرىدە ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىش چەكلەنگەن ئىدى، كېيىن بۇ ھۆكۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.) — مۇھەممەد سالىھ
روزا كېچىلىرىدە خوتۇنلىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، چۈنكى ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمدۇرسىلەر (يەنى سىلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ، كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك ياشايسىلەر). ئاللاھ سىلەرنىڭ خۇپىيانە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار (يەنى رامىزان كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلىشقىنىڭلار) نى بىلدى*[1]. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا رامىزان كېچىلىرىدە يېقىنچىلىق قىلىساڭلار بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغان (يەنى تاڭ يورۇغان) غا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
روزا تۇتقان كۈنلىرىڭلارنىڭ كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىم، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ نەپسىڭلارنى يېڭەلمەيۋاتقانلىقىڭلارنى بىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋبەڭلەرنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېچىلىرى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇپ، ئاللاھ سىلەرگە يازغان نەرسىنى تەلەپ قىلىڭلار، تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن سىلەرگە ئېنىق ئايرىلغانغا قەدەر يەپ - ئىچىڭلار. ئاندىن كېيىن روزىنى كېچىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار. مەسجىدلەردە ئېتىكاپتىكى چېغىڭلاردا ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولماڭلار. بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر، ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئىنسانلارنى تەقۋادار بولسۇن دەپ، ئۇلارغا ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت روزىنىڭ ۋاقتىنى ۋە ماھىيىتىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 188-ئايەت) ئادالەتسىزلىك يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق خىيانەت ۋە ساختىپەزلىك بايلىق باشقۇرۇشوَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ وَتُدْلُوا بِهَا إِلَى الْحُكَّامِ لِتَأْكُلُوا فَرِيقًا مِنْ أَمْوَالِ النَّاسِ بِالْإِثْمِ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار — مۇھەممەد سالىھ
بىر ـ بىرىڭلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم پۇل-ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە باشقىسىنىڭ مېلىنى ناھەق يول بىلەن يەۋېلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بېرىشتىن توسىدۇ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن بىرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ھېچبىر مۇسۇلمان ھېچبىر ئىنساننىڭ مېلىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا رازىلىشىپ قىلىشقان تىجارەت ياكى ئۇنىڭغا ۋارىس بولۇش دېگەندەك بىرەر ھەقلىق سەۋەبكە ئاساسلانماستىن ئالالمايدۇ، يېيەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايدۇ. ھاكىمنىڭ ياكى مەھكىمىنىڭ (قازى، سوتچى ياكى سوت مەھكىمىسىنىڭ) چىقارغان قارارى بۇ پىرىنسىپنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، يەنى ھارامنى ھالال قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقسىز رەۋىشتە پايدا قولغا كەلتۈرۈش ۋە ماددىي ياكى مەنىۋى بىرەر مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە ئىش بېشىدىكىلەرگە پارا بېرىش، ئىش بېشىدىكىلەرنىڭ پارا ئېلىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. پارا بېرىش ۋە پارا ئېلىش ھارام بولغاندەك، پارا بېرىپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىمۇ ھارام ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە «بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار» دېگەن ئومۇمىي چەكلىمە پارىخورلۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ پارىخورلۇق، يامانلىقى سەۋەبلىك، پارىخورلۇق ئالاھىدە بىر قېتىم چەكلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن ئېلىم - سېتىم، تىجارەت ۋە كىرىم - چىقىم پائالىيەتلىرىنىڭ شەرىئەت يولغا قويغان بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ لازىملىقى چىقىدۇ. «پاك نەرسىلەردىن يەڭلار»، «ئاللاھ يولىدا پاك نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار»، «سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەرمۇ باشقىسىنىڭ مېلىنى «پارىخورلۇق»دەك ناھەق يوللار بىلەن قولغا كەلتۈرۈشتىن توسىدۇ ۋە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَهِلَّةِ ۖ قُلْ هِيَ مَوَاقِيتُ لِلنَّاسِ وَالْحَجِّ ۗ وَلَيْسَ الْبِرُّ بِأَنْ تَأْتُوا الْبُيُوتَ مِنْ ظُهُورِهَا وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَأْتُوا الْبُيُوتَ مِنْ أَبْوَابِهَا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن يېڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورىشىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (تىرىكچىلىك، سودا ـ سېتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر». (جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلاردەك ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئېچىپ) كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن) قورققان ئادەم ياخشى ئەمەل (ئىگىسى) دۇر. (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئادەتتىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، بەختكە ئېرىشىشڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھىلال ئاي توغرۇلۇق سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (ئۆز ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەش ۋاسىتىسىدۇر». (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. لېكىن تەقۋادار ئادەمنىڭ ئەمەلى ياخشى ئەمەلدۇر. (ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئادەتتىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىدىن كىرىڭلار، نىجاد تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سەندىن ھىلاللار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھىلاللار ئىنسانلار ئۈچۈن ۋە ھەج ئۈچۈن ۋاقىت ئۆلچەملىرىدۇر». ئۆيلەرگە ئارقىسىدىن كىرىشىڭلار ياخشىلىق ئەمەس[57]، لېكىن ياخشىلىق تەقۋادار بولغان كىشىنىڭ قىلمىشىدۇر. ئۇنداقتا ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار سەندىن ھىلاللار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھىلاللار ئىنسانلار ئۈچۈن ۋە ھەج ئۈچۈن ۋاقىت ئۆلچەملىرىدۇر». ئۆيلەرگە ئارقىلىرىدىن كىرىشىڭلار ياخشىلىق ئەمەس، لېكىن ياخشىلىق تەقۋادار بولغان كىشىنىڭ قىلمىشىدۇر. ئۇنداقتا ئۆيلەرگە ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر. تەپسىرلەردە بۇ ھەقتە بىرقانچە كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا خۇلاسىلەشكە بولىدۇ: 1) «ئۆيلەرگە ئارقىلىرىدىن كىرىش» ھەقىقىي مەنىدىدۇر. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جاھىلىيەت دەۋرىدە مەدىنىلىك بەزى قەبىلىلەردىن ھەجگە ئېھرام باغلىغانلار ئۆيلەرگە ۋە ئەتراپى تام بىلەن ئورالغان باغلارغا ئىشىكلەردىن كىرىشنى گۇناھ ھېسابلاپ ئارقىلىرىدىن دېرىزە ئېچىپ ئۇنىڭدىن كىرەتتى ياكى تامدىن ئاتلاپ كىرەتتى، شۇنداقلا بۇنى ياخشى ئىش دەپ قارايتتى. ئايەتتە ياخشىلىقنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ ئىش چەكلىنىپ ئۇلار ئۆيلەرگە ئىشىكلەردىن كىرىشكە ئەمر قىلىنغان. 2) «ئۆيلەرگە ئارقىلىرىدىن كىرىش» مەجازىي مەنىدىدۇر. ھىلال توغرۇلۇق سوئال سورىغانلار ئاينىڭ دەسلەپتە ئىنچىكە چىقىشى ئاندىن بارغانسېرى يوغىناپ تولۇن بولۇشى، ئاندىن يەنە كىچىكلەشكە باشلاپ دەسلەپتە كۆرۈنگەن ھالىتىگە قايتىشى توغرۇلۇق سورىغان. ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۆيگە ئىشىكىدىن كىرمەي ئارقىسىدىن كىرىشكە ئوخشىتىلىپ، ئۇلار ئۇنداق ئەھمىيەتسىز سوئاللارنى سوراشتىن مەنئى قىلىنىپ، لازىملىق نەرسىلەر ھەققىدە سوراشقا ئەمر قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەرمۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىپ قالسا، ئۇلار بىلەن ئاللاھ يولىدا يەنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ۋە شەرىئەت دائىرىسىدىن چىقمىغان ئاساستا ئۇرۇشۇڭلار، سىلەر ئاۋۋال ئۇرۇش ئاچماڭلار ۋە ئۇرۇشۇپ قالساڭلار ئۇرۇش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىڭلار؛ دۈشمەننىڭ ئۆلۈپ بولغان ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىگە زۇلۇم قىلىش، ئۇرۇشقا قاتناشمىغانلىرىنى ئۆلتۈرۈش، ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈش، دەرەخلەرنى كېسىۋېتىش، زىرائەتلىرىگە ۋە سۇ مەنبەلىرىگە زىيان سېلىش... قاتارلىق ئىشلارنى قىلماڭلار. بۇ ئايەتتىن باشلاپ 195 - ئايەتكىچە بولغان ئالتە ئايەتنىڭ «ھۇدەيبىييە سۈلھىسى» توغرىسىدا نازىل بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن كېيىن مەدىنىدىكى چېغىدا، ساھابىلىرى بىلەن ھەرەم مەسجىدىگە كىرىپ چۈشىگەن ئىدى. بۇ چۈش قۇرئان كەرىمدىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ چۈشىنى ساھابىلىرىگە ئېيتقان ۋە ئۆزىنىڭ مەككىگە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساھابىلەرمۇ خۇشال بولۇپ سەپەرگە تەييارلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 1500 (مىڭ بەش يۈز) ئەتراپىدا ساھابىسى بىلەن ھىجرەتنىڭ 6 - يىلى مەككىگە قاراپ يولغا چىققان، لېكىن مەككە مۇشرىكلىرى ئۇلارنى مەككىنىڭ مەركىزىدىن 17 كىلومېتىر يىراقتىكى «ھۇدەيبىييە» دېگەن جايدا توسقان. بۇ سەۋەبتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار ھەرەم مەسجدىگە كىرەلمىگەن ۋە مۇشرىكلار بىلەن 10 يىللىق تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ مەدىنىگە قايتىپ كەتكەن. كېلىشىمدە كېلەر يىلى، يەنى ھىجرەتنىڭ 7 - يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن مەككىگە كېلىپ ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئۆمرەلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىۋېلىشىغا دائىر بىر ماددىمۇ بار ئىدى. بۇ كېلىشىم بويىچە، بىر يىلدىن كېيىن ۋاقىت كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 2000 (ئىككى مىڭ) ئەتراپىدا ساھابىسى بىلەن ئۆمرەنىڭ قازاسىنى قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان. ئۇلار بۇ ئەسنادا مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ لەۋزىدە تۇرماي ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇشىدىن ۋە ئۇرۇش ئېچىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى، چۈنكى ئۇلار ھەرەمدە ۋە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەتلەر نازىل بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ وَأَخْرِجُوهُمْ مِنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَشَدُّ مِنَ الْقَتْلِ ۚ وَلَا تُقَاتِلُوهُمْ عِنْدَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَاتِلُوكُمْ فِيهِ ۖ فَإِنْ قَاتَلُوكُمْ فَاقْتُلُوهُمْ ۗ كَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
ئۇلارنى (يەنى تاجاۋۇزچىلارنى) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن جايدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقىرىۋەتكەن جايدىن چىقىرىۋېتىڭلار، (دىندىن قايتۇرۇش ئۈچۈن مۆمىنلەرگە) زىيانكەشلىك قىلىش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر. تاكى ئۇلار ئۆزى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە ھەرەم مەسجىدى ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار ھەرەم مەسجىدى ئەتراپىدا ئۆزى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋېرىڭلار. كافىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقارغان يەردىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىڭلار. فىتنە[58] ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر. مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدا ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچمىغىچە سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇ يەردە ئۇرۇشماڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇ كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداقتۇر. — ئەنەس ئالىم
«فىتنە» - مۇشرىكلارنىڭ مۇئمىنلارنى ئېزىشىنى، قىينىشىنى، كۇفرىلىققا مەجبۇرلىشىنى ۋە ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇشىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى «فىتنە» كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسى - ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى ئوتتا ئېرىتىپ ساپلاشتۇرۇش، بالاغا مۇپتىلا قىلىش، ئىمتىھان قىلىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئېتىقادقا بېسىم قىلىش، سىناق، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، قىيناش، بۇزغۇنچىلىق، ئاسىيلىق قىلىش ۋە مۇنافىقلىق قىلىش، باتىلنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئازدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىش، ئىختىلاپ ۋە تەپرىقە⑪، ئەقلىدىن ئېزىش⑫، ئوتقا تاشلاپ قىيناش⑬، قىيىنچىلىققا يولۇقۇش، بالاغا دۇچار بولۇش⑭ مەنىلىرىدە كېلىدۇ، كۆپىنچە قىيىنچىلىق بىلەن سىناش ۋە قىيناش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئۇ كافىرلارنى تاپقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقارغان مەككىدىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىڭلار، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ھېچ گۇناھ ھېس قىلماڭلار، چۈنكى «فىتنە» (يەنى ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارنى ئېزىشى، قىينىشى، كۇفرىلىققا مەجبۇرلىشى ۋە ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇشى) ئۆلتۈرۈشتىنمۇ يامان. ھەرەم مەسجىدىنىڭ يېنىدا ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچمىغىچە ئۇلار بىلەن ئۇ يەردە ئۇرۇشماڭلار، چۈنكى ئۇ تەقدىردە ھەرەم مەسجىدىنىڭ ھۆرمىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان بولىسىلەر، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا رىئايە قىلماي ئۇ يەردە سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇ كافىرلارنىڭ جازاسى مانا مۇشۇنداقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنِ انْتَهَوْا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (سىلەرمۇ ئۇرۇشتىن قول يىغىڭلار)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (يەنى مۇسۇلمان بولسا)، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار توختىسا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر ئۇلار كۇفرىلىقتىن ۋە سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن يېنىپ ئىسلامغا كىرسە، ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ لِلَّهِ ۖ فَإِنِ انْتَهَوْا فَلَا عُدْوَانَ إِلَّا عَلَى الظَّالِمِينَ
تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
فىتنە تۈگەپ دىن پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇلار توختىسا، زالىملاردىن باشقىسىغا دۈشمەنلىك قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئۇ تاجاۋۇزچى كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى، تاكى «فىتنە» تۈگەپ «دىن ئاللاھقا ئائىت» بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار، يەنى ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارنى ئېزىشى، قىينىشى، بېسىم قىلىشى ۋە ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇشى ئاخىرلىشىپ، ھەرەمدە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىنىدىغان، ھېچكىم ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېزىلمەيدىغان ۋە ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقمايدىغان شارائىت بەرپا بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار كۇفرىلىقتىن ۋە سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن توختىسا، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن توختاڭلار، ئەمما كۇفرىلىق ۋە دۈشمەنلىكنى داۋاملاشتۇرغان زالىملارغا سىلەرمۇ ھۇجۇم قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الشَّهْرُ الْحَرَامُ بِالشَّهْرِ الْحَرَامِ وَالْحُرُمَاتُ قِصَاصٌ ۚ فَمَنِ اعْتَدَىٰ عَلَيْكُمْ فَاعْتَدُوا عَلَيْهِ بِمِثْلِ مَا اعْتَدَىٰ عَلَيْكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
(ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئاي (ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئايغا تەڭدۇر (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئايلاردا سىلەرمۇ ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر تەڭ ـ باراۋەردۇر(يەنى ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى باشقىلار دەپسەندە قىلسا، ئىنتىقام ئېلىش يۈزىسىدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى دەپسەندە قىلساڭلار ھېچ يامىنى يوق). بىراۋ سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار؛ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئايدا دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چېقىلسا، سىلەرمۇ شۇ ئايلاردا ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر بىر-بىرى بىلەن تەڭدۇر (يەنى ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى باشقىلار دەپسەندە قىلسا، سىلەرمۇ ئۇلارنى دەپسەندە قىلساڭلار ھېچ يامىنى يوق). كىم سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار؛ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايغا ئوخشاشتۇر. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇشماسلىق قائىدىلىرىگە ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاش رىئايە قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا ئاساسەن كىم سىلەرگە تاجاۋۇز قىلسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا قىلغان تاجاۋۇزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن تاجاۋۇز قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! سىلەرنىڭ مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ۋە ھەرەم تەۋەسىدە ئۇرۇش قىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ۋە ھەرەم تەۋەسىدە سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىشىنىڭ جازاسىدۇر، چۈنكى ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان ماكان ۋە زامانلارنىڭ ھۆرمىتىگە ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا رىئايە قىلىشى كېرەك. شۇڭلاشقا كىم سىلەرگە ئۇ ئايدا ۋە ئۇ جايدا (ھەرەمدە) ئۇرۇش ئېچىپ تاجاۋۇز قىلسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە جازا بېرىڭلار، بۇنىڭ ھېچبىر زىيىنى يوق، چۈنكى تاجاۋۇزنى باشلىغان كىشى ئۇدۇر. شۇنداقتىمۇ جازالاشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ ۛ وَأَحْسِنُوا ۛ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يولىدا ماللىرىڭلارنى چىقىم قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار. ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ۋە ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مال چىقىم قىلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ۋە مال چىقىم قىلىشنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشتا، ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشتا ئاكتىپ بولۇڭلار، ئىلغار بولۇڭلار ۋە بارلىق ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن خالىس قىلىڭلار. شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، ئاللاھ ئىخلاسمەن ۋە سەمىمىي بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئالدىنقى (194 -) ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆمرەنىڭ قازاسىنى قىلىش سەپىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى، مەككە مۇشرىكلىرى ئۇرۇش ئاچقان تەقدىردە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە داۋامىدىكى ئايەتلەردە بۇ بۇيرۇقنى تەكىتلەيدۇ. بۇ (195 -) ئايەتتە بولسا، ئۇلارنى بۇ سەپەرگە ئۇرۇش تەييارلىقىنىمۇ قىلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئۆمرەنىڭ قازاسىنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قىلىدىغان سەپىرىڭلاردا مۇشرىكلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان تەقدىردە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي ۋە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان جاي دەپ ئۇلارغا قارشىلىق قىلىشتىن يانماڭلار. شۇڭلاشقا مەككىگە بارىدىغانلار قورال - ياراغلىرىنى يېنىدا ئالسۇن، قول - ئىلكىدە بار كىشىلەر قورال - يارىغى بولمىغانلارغا قورال - ياراق ئېلىپ بەرسۇن ۋە باشقا ئۇرۇش لازىمەتلىكلىرى ئۈچۈن پۇل - مال چىقىم قىلسۇن. ئەكسى تەقدىردە ئۆزۈڭلارنى خەتەرگە ئاتقان بولىسىلەر، چۈنكى دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن قورال - ياراق ۋە ئەسكىرىي جەھەتتىن يېتەرلىك دەرىجىدە تەييارلىق كېرەك. سەپەرنىڭ ھەرەمگە بولۇشى، مەقسەتنىڭ ئۆمرە ئىبادىتى بولۇشى ۋە ئىچىڭلاردا پەيغەمبەرنىڭ بولۇشى غەلبىنىڭ سەۋەبلىرى ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ ۚ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۖ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ ۚ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِنْ رَأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِنْ صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ ۚ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَمَنْ تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ ۚ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ ۗ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ۗ ذَٰلِكَ لِمَنْ لَمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (چېچىنى چۈشۈرسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا (قۇربانلىققا يارايدىغان چارۋىلاردىن) نېمىنى تاپلىساڭلار، شۇنى ھەديە قىلىڭلار. ھەيدە قىلىنىدىغان مال بەلگىلەنگەن جايىغا يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا ئىللەت بولۇپ چېچىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرسە، فىديە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى ھەديە قىلسۇن، ھەيدە قىلالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، ھەجدىن قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، بۇ تولۇق ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ ھۆكۈم ھەرەم مەسجىدى دائىرىسى (يەنى مەككە) دە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار. ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغىنىنى ئەۋەتىڭلار. بۇ مال جايىغا يېتىپ بارمىغىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. لېكىن ئىچىڭلاردىن بىرى كېسەل بولغانلىقى ياكى بېشىدىن بىرەر ئەزىيەت چەككەنلىكى ئۈچۈن چېچىنى ۋاقتىدىن ئىلگىرى چۈشۈرسە فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا، كىمكى ھەجگىچىلىك ئۆمرە بىلەن پايدىلانسا[59] قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزىگە ئاسان بولغىنىنى قۇربانلىق قىلسۇن. تاپالمىغانلار ھەج ئەسناسىدا ئۈچ كۈن، قايتقان چېغىڭلاردا ۋەتىنىدە يەتتە كۈن بولۇپ، جەمئىي تولۇق ئون كۈن روزا تۇتسۇن. بۇ ھۆكۈم ئائىلىسى مەسجىدى ھەرەمنىڭ تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
«كىمكى ھەجگىچىلىك ئۆمرە بىلەن پايدىلانسا» - ھەجنىڭ ۋاقتى كەلگۈچىلىك ئۆمرە قىلىۋالسا دېمەكتۇر. ھەج ۋە ئۆمرە ئىسلامدىكى ئەڭ مەشھۇر ئىككى ئىبادەتتۇر. «ھەج» - مۇئەييەن ۋاقىتتا (زۇلھەججە ئېيىدا)، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە، بەلگلەنگەن جايلاردا، بەلگىلەنگەن پائالىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان مەخسۇس ئىبادەتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەج - زۇلھەججە ئېيىنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە ئېھرام بىلەن ئەراپاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىفىدە قونۇش، مىنادا باشنى چۈشۈرتۈش ياكى قىرقىتىش ۋە بەدەن تازىلىقى قىلىپ ئېھرامدىن چىقىش، كەئبىنى تاۋاپ قىلىش، سەفا - مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلىش ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 11 -، 12 - كۈنلىرىدە، خالىغانلار 13 - كۈنىدىمۇ) مىنادىكى شەيتان سىمۋوللىرىغا تاش ئېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. «ئۆمرە» - خالىغان چاغدا، بەلگىلەنگەن جايدىن ئۆمرە نىيىتى بىلەن ئېھرام باغلاپ مەككىگە بېرىپ، كەئبىنى تاۋاپ قىلىش، سەفا - مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلىش ۋە بېشىنى چۈشۈرتۈش ياكى قىرقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن تەركىب تاپقان ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۇ ئىبادەتلەرنى تاماملاشقا بۇيرۇيدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ «بەيتۇللاھقا بېرىشقا قادىر بولالىغانلارنىڭ بەيتۇللاھقا بېرىپ ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر» دېگەن مەنىدىكى سۆزى «ھەج»نىڭ پەرز، «ئۆمرە»نىڭ نەپلە ئىبادەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، بۇ ئايەت ئۇ ئىبادەتلەرنىڭ بىرىنى باشلىغانلارنىڭ ئۇنى كامىل ئادا قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! باشلىغان ھەج ۋە ئۆمرەڭلارنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن پەقەت ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەڭلار، ئۇلار بىلەن شان - شۆھرەت تېپىشنى ياكى دۇنيالىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى ۋە ياكى سەيلە - ساياھەت قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلماڭلار. ھەج ياكى ئۆمرە نىيىتى بىلەن ئېھرام باغلاپ مەككىگە كېتىۋاتقان چېغىڭلاردا يولدا، دۈشمەن ياكى كېسەللىك ۋە ياكى بىرەر تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن توسۇلۇپ قېلىپ مەككىگە بارالمىساڭلار، توسۇلۇپ قالغان يېرىڭلاردا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن تاپالىغىنىڭلارنى قۇربانلىق قىلىپ (تۆگە ياكى كالا بولسا يەتتىدىن بىرىگە شېرىك بولۇپ، ناۋادا قوي ياكى ئۆچكە بولسا بىرەر دانىسىنى قۇربانلىق نىيىتى بىلەن سويۇپ)، چېچىڭلارنى چۈشۈرسەڭلار ۋە ئېھرامدىن چىقساڭلار بولىدۇ، لېكىن بېشىدا بىرەر كېسەللىك بولۇش ياكى چېچى پىتلاپ كېتىش سەۋەبىدىن بىئارام بولغانلار، قۇربانلىق قىلىشتىن ئىلگىرى فىديە بېرىپ چېچىنى چۈشۈرسە بولىدۇ. فىديە - ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ئالتە مىسكىنگە بىر كۈنلۈك تائامنى سەدىقە سۈپىتىدە بېرىش ۋە ياكى بىر قۇربانلىق قىلىشتۇر. ئەمما ھەج ياكى ئۆمرە نىيىتى بىلەن مەككىگە قاراپ يولغا چىقىپ، يولدا توسۇلۇپ قالماي ساق - سالامەت مەككىگە بېرىپ، ھەجنىڭ ۋاقتى كىرگۈچىلىك بىر ئۆمرە قىلىپ ساۋابتىن بەھرىمەن بولساڭلار، بىر «تەمەتتۇئـ ھەججى - بەھرىمەن بولۇش ھەججى» قۇربانلىقى قىلىشىڭلار ۋە گۆشىنى ھەرەمنىڭ پېقىر - مىسكىنلىرىگە تارقىتىشىڭلار لازىم. قۇربانلىق قىلىدىغانغا مال ياكى مال ئالىدىغانغا پۇل تاپالمىغانلار، مەككىدە ئۈچ كۈن، ۋەتىنىدىكى ئۆيىگە قايتىپ بارغاندا يەتتە كۈن جەمئىي ئون كۈن روزا تۇتسۇن. بۇ ھۆكۈم مەككىلىك بولمىغانلارغا خاستۇر، چۈنكى مەككىلىك كىشىلەر ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىپ، ئاندىن ھەج قىلغان بولسا، ئۇ «تەمەتتۇئـ ھەججى - بەھرىمەن بولۇش ھەججى» قىلغان بولمايدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتنىڭ «قۇربانلىق ماللار جايىغا يېتىپ بارمىغىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىسى ئومۇمىي بولۇپ، ھەرەمگە بېرىشتىن توسۇلۇپ قالغانلارنى ۋە توسۇلۇپ قالمىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا مەككە يولىدا توسۇلۇپ قالماي ساق - سالامەت بارالىغانلار قۇربانلىقلىرىنى ھەرەمدە، قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە سويىدۇ. يولدا توسۇلۇپ قېلىپ بارالمىغانلار توسۇلۇپ قالغان يەرلىرىدە، توسۇقنىڭ يوق بولۇشىدىن، شۇنداقلا ھەرەمگە ۋاقتىدا بېرىشتىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزۈپ، ئېھرامدىن چىقماقچى بولغان چاغلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاسان بولغان قۇربانلىقنى سويىدۇ، ئاندىن ئېھرامدىن چىقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَعْلُومَاتٌ ۚ فَمَنْ فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي الْحَجِّ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ يَعْلَمْهُ اللَّهُ ۗ وَتَزَوَّدُوا فَإِنَّ خَيْرَ الزَّادِ التَّقْوَىٰ ۚ وَاتَّقُونِ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ
ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ھەج ئۈچۈن) ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقىگە دائىر سۆزلەرنى قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جىدەل-ماجىرا قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. (ھەج ئۈچۈن) ئوزۇقلۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! مەندىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەج مەلۇم ئايلاردىدۇر. كىم بۇ ئايلاردا ھەجگە ئېھرام باغلىسا، بىلسۇنكى ھەج ئەسناسىدا ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇشقا، گۇناھ قىلىشقا ۋە جېدەللىشىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ياخشىلىقتىن نېمە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم
ھەج مەۋسۇمى مەلۇم ئايلاردا يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تارتىپ ئىنسانلار بىلىدىغان ئايلاردا بولىدۇ. ئۇ ئايلار شەۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججە ئايلىرىدۇر (ھىجرىيە 10 -، 11 - ۋە 12 - ئايلىرىدۇر). دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن قادىر بولالىغانلار ئۇ ئايلاردا مەككىگە كېلىدۇ ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ، 12 - كۈنىگىچە ياكى خالىغانلار 13 - كۈنىگىچە ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىدۇ. ھەج ئايلىرى بولغان ئۇ ئايلاردا كىم ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن ئېھرام باغلىسا، ھەجنىڭ قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم: ئەر - خوتۇن مۇناسىۋىتى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار گەپ - سۆزلەرنى قىلىش، گۇناھ بولىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەرنى قىلىش ۋە باشقىلار بىلەن جېدەل - ماجىرا قىلىش ۋە ئۆزئارا خۇسۇمەتكە سەۋەبچى بولىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇ ئىشلار ھاجىنىڭ ئۆز نەپسىنى تەربىيەلىشىگە ، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىۋېلىشىغا ۋە ئاللاھقا يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئايەتنىڭ ھاجىلارغا خىتاب قىلغان ئىپادىلىرىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ھاجىلار! ئاللاھنىڭ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار، بۇ سەپىرىڭلارغا ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ چىقىڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر. شۇڭلاشقا ئاخىرەت سەپىرىڭلار ئۈچۈن تەقۋالىقتىن يەنى ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇشتىن، شۇنداقلا ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشتىن ئىبارەت ئوزۇقنى تەييارلاڭلار. قىلغان ۋە تەرك ئەتكەن ئىشلىرىڭلاردا ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەڭلار، ئاللاھ رىزاسىغا نەپسى خاھىشىڭلارنىڭ تەلەپلىرىنى ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىش ئارزۇيۇڭلارنى ئارىلاشتۇرماڭلار. بۇ، ئەقىلنىڭ ۋە ئەقىلگە بويسۇنغان دىلنىڭ تەلىپىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَبْتَغُوا فَضْلًا مِنْ رَبِّكُمْ ۚ فَإِذَا أَفَضْتُمْ مِنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِنْدَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ ۖ وَاذْكُرُوهُ كَمَا هَدَاكُمْ وَإِنْ كُنْتُمْ مِنْ قَبْلِهِ لَمِنَ الضَّالِّينَ
پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار) — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرۇلھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھلىقتا ئىدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن ئىلتىپات تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر. ئەرەفاتتىن سەلدەك ئاققان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئاللاھنى سىلەرگە كۆرسەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت ھاجىلارغا تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى بىلدۈرىدۇ: 1) ھەج مەۋسۇمىدە ئاللاھتىن ئىلتىپات تەلەپ قىلىش، يەنى ھاجىلارنىڭ بۇ خەلقئارالىق يىغىلىشتا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە يەرمەنكە ئېچىپ، مال ئېلىم - سېتىمى ۋە زاكالەت ئېلىم - بېرىمى قىلىشى، بىلىم ۋە پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىپ، بىر - بىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، سىياسىي، ئەسكىرى ۋە مەدەنىي ساھەلەردە توختام تۈزۈشۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ھەقىقىي مەنىدە ھاسىل قىلىشى قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپات قىلىشىنى تىلىشى. 2) مۇئەييەن كۈندە (زۇلھەججەنىڭ 9 - كۈنىدە) ئەتىگەن ئەرەپات مەيدانىغا يىغىلىپ كۈن بويى ئۇ يەردە تۇرۇش، چۈنكى ئەرەپاتتىن كەچقۇرۇنى سەلدەك ئېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇ يەرگە پۈتۈن ھاجىلارنىڭ ئەينى كۈندە، ئەينى مەيداندا يىغىلغان بولۇشى لازىم. 3) ئەرەپاتتىن سەلدەك ئېقىپ «مەشئەرى ھەرام»غا (مۇزدەلىفىگە) كېلىش ۋە ئۇ يەردە ئاللاھنى زىكىر قىلىش. ئايەتتىكى «مەشئەرى ھەرامدا ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار» دېگەن ئەمرنىڭ ئىجراسى، مۇزدەلىفىگە كەلگەن چاغدا نامازشام بىلەن خۇپتەننى بىرلەشتۈرۈپ خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا (جەمئى تەئخىر قىلىپ) ئۆتەش بىلەن باشلىنىپ، مۇزدەلىفىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا مۇزدەلىفىدىكى «قۇزەھ تېغى»نىڭ يېنىدا زىكىر - تەسبىھ ۋە دۇئا - تەكبىر ئېيتىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ أَفِيضُوا مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ النَّاسُ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەفاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن كېيىن، سىلەر كىشىلەر قايتقان جايدىن (ئەرەفاتتىن) قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئىنسانلار سەلدەك ئاققان يەردىن سىلەرمۇ سەلدەك ئېقىڭلار. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ھەج قىلغان ئىنسانلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تارتىپ ئەرەپاتتىن، مۇزدەلىفەگە، مۇزدەلىفەدىن مىناغا، مىنادىن ھەرەم مەسجىدىگە قايتاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ھاجىلارنى مۇزدەلىفەدىن، ئۇ ئىنسانلار سەلدەك ئېقىپ قايتقاندەك قايتىشقا ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەشكە بۇيرۇيدۇ. بۇ قايتىش ۋە مەغپىرەت تىلەشتىن نېمىلەرنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى ھەر كىمگە مەلۇملۇق بولۇپ، ئۇ قۇربان ھېيت كۈنى ئەتىگەن مۇزدەلىفەدىن مىناغا كېلىپ، چوڭ شەيتان سىمۋولىغا تاش ئېتىش، كەئبىنى تاۋاپ قىلىش ۋە سەفا - مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ھاجىلارنىڭ سەلدەك ئېقىشى ۋە مەغپىرەت تىلىشى ئۇلارنىڭ مۇزدەلىفەدىن قايتقان كۈنى (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10 - كۈنى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى) مۇئەييەن جايلاردا، مۇئەييەن شەكىللەردە، مۇئەييەن پائالىيەتلەرنى قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشلار بۇ بىر كۈندە (قۇربان ھېيت كۈنىدە) قىلىنىدۇ، چۈنكى قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىنكى ئۈچ كۈن «تەشرىق كۈنلىرى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇلاردا قىلىنىدىغان ھەج پائالىيتلىرى ئۈچ ئايەتتىن كېيىن كېلىدىغان 203 - ئايەتتە بىلدۈرۈلىدۇ. ھاجىلارنىڭ ئۇ كۈنى قىلىدىغان تاۋاپىنىڭ «تاۋاپى ئىفادە - طَوافُ الإِفاضَة» (ھاجىلار مىنادىن سەلدەك ئېقىپ كىرىپ قىلغان تاۋاپ) دەپ ئاتىلىشىمۇ يۇقىرىدىكى مەنىگە دالالەت قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ تاۋاپنى بىرقانچە كۈن كېچىكتۈرۈش جائىز، لېكىن ئەڭ ئەۋزىلى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ھاجىلار جامائەسىگە قوشۇلۇپ سەلدەك ئېقىپ قىلىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِذَا قَضَيْتُمْ مَنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا ۗ فَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ
سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار. بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنى زىكىر قىلغاندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن» دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(200-202) جاھىلىيەت دەۋرىدە ھاجىلار «تەشرىق كۈنلىرى»دە يەنى قۇربان ھېيتتىن كېيىنكى ئۈچ كۈندە مىنادا قېلىپ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەھرىمانلىق، سېخىيلىك ۋە ئېسىللىكىنى تىلغا ئېلىشىپ پەخىرلىنەتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى بۇ كۈنلەردە ئاللاھتىن پەقەت دۇنيادا ياخشىلىققا ئېرىشىشنى تىلەيتتى. بەزىلەر ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىشنى ۋە ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن نىجات تېپىشنى تىلەيتتى. بۇ ئايەتلەردە، ھاجىلار ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى مىنادا چوڭ شەيتان سىمۋولىغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش، چېچىنى چۈشۈرۈپ ياكى قىرقىتىپ ۋە باشقا بەدەن تازىلىقىنى قىلىپ ئېھرامدىن چىقىش، ئاندىن ھەرەم مەسجىدىگە كىرىپ تاۋاپ (تاۋاپى ئىفادە - طواف الإفاضة) قىلىش، سەفا - مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاتا - بوۋىلىرىنى زىكىر قىلغاندەك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، شۇنداقلا جاھىلىيەت ھاجىلىرىنىڭ ئۇ يامان قىلمىشى ۋە خاتا دۇئاسىدىن چەكلىنىدۇ، توغرا دۇئاسىغا تەرغىب قىلىنىدۇ. ھاجىلار بۇيرۇلغان ئۇ «زىكىر» شەيتان سىمۋوللىرىغا تاش ئېتىش ئەسناسىدا ئېيتىلىدىغان تەكبىر، تاش ئېتىپ بولۇپ ئاللاھقا قىلىنغان دۇئا ۋە پەرز نامازلاردىن كېيىن ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أُولَٰئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌ مِمَّا كَسَبُوا ۚ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ
ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر (يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَاذْكُرُوا اللَّهَ فِي أَيَّامٍ مَعْدُودَاتٍ ۚ فَمَنْ تَعَجَّلَ فِي يَوْمَيْنِ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ وَمَنْ تَأَخَّرَ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ لِمَنِ اتَّقَىٰ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ساناقلىق كۈنلەردە (تەشرىق كۈنلىرى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 1 – 2 – 3 كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقان ئادەمگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار) تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھېساب ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى قۇربان ھېيتتىن كېيىنكى تەشرىق كۈنلىرىدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار)، مىنا تېغىدا قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىن ئىككى كۈن تۇرۇپ ئالدىراپ قايتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، بۇ تەقۋادار ئادەم ئۈچۈندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يوق. بۇ تەقۋادار بولغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت يۇقىرىدا (200 - ئايەتتە) ھاجىلار ئېيتىشقا بۇيرۇلغان «زىكىر»نى بايان قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئايەتتە ھاجىلار ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئاندىن ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايتقانلارنىڭمۇ، يەنە بىر كۈن قالغانلارنىڭمۇ گۇناھكار بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، ھاجىلار ھەجنىڭ قۇربان ھېيت كۈنى كەچكىچە ئادا قىلىنىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن بۇيرۇلغان «زىكىر» - مۇئەييەن كۈنلەردە (ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىگە ئەگىشىپ كېلىدىغان تەشرىق كۈنلىرىدە)، مۇئەييەن جايدا (مىنادا) ۋە مەخسۇس شەكىلدە ئادا قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئىبادەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك شەيتان سىمۋوللىرىغا تاش ئېتىش بىلەن بىرلىكتە ئېيتقان تەكبىر، ئاللاھقا قىلىنغان دۇئا ۋە پەرز نامازلاردىن كېيىنكى تەشرىق تەكبىرلىرىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ (203 -) ئايەتتە بۇ ئالاھىدە ئىبادەتنى ئۈچ كۈن بويىچە مىنادا ئادا قىلىشقا ئەمر قىلغاندىن كېيىن ئىككىنچى كۈنىنىڭ ئاخىرىدا خالىغانلارغا مىنادىن قايتىپ كېتىشكە رۇخسەت بېرىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كۈنىدىمۇ قېلىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ
(ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (دىلى باشقا، تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ، ئۇ ئەشەددىي دۈشمەن تۇرۇپ دىلىدىكى نەرسىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، دۇنيا ھاياتىغا دائىر قىلغان سۆزى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى شاھىت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەڭ ئەشەددىي خۇسۇمەتچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(204-207) يۇقىرىدا (200 - ۋە 201 - ئايەتلەردە) بىرى پەقەت دۇنيادىلا ياخشىلىققا ئېرىشىشنى تىلىگەن كىشى، يەنە بىرى ھەم دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىشنى تىلىگەن كىشى بولۇپ، ئىككى تۈرلۈك ئىنسان زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ (204 ~ 207 -) ئايەتلەردە ئۇ ئىككى تۈرلۈك ئىنسان باشقا جەھەتلەردىن تونۇتىلىدۇ: 1) گۈزەل سۆزلۈك لېكىن يامان غەرەزلىك ئىنسان بولۇپ، باشقىلارنىڭ يېنىدا ئومۇمەن خۇشياقىدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ، ھەتتا سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ كەتكەن چېغىدا ئۇ گۈزەل سۆزلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىدۇ: ئېكىن ۋە نەسىللەرنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىدۇ، يەنى جانلىقلارنىڭ يەيدىغان نەرسىلىرىگە زىيان سېلىش ۋە نەسىللىرىنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ. ئۇنىڭغا «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن»، يەنى بۇزغۇنچىلىق، رىياكارلىق ۋە پىتنە - پاساتچىلىقتىن ساقلانغىن دېيىلسە، ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇق تۇيغۇسى ۋە مەنمەنچىلىك ئىدىيىسى مۇنافىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەشكە ئېلىپ بارىدۇ. «ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر»، يەنى ئۇنىڭ قىلمىشلىرى نەقەدەر بۈيۈك ۋە نېمىدېگەن قەبىھتۇر، شۇڭلاشقا ئۇ قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىش جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىشقا لايىقتۇر. 2) ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى ئاتىغان كىشى بولۇپ، بۇ كىشىدە بىرىنچى تۈرلۈك كىشىدىكى ناچار ئىللەت ۋە يامان سۈپەتلەردىن ھېچبىرى تېپىلمايدۇ. بۇ كىشى گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەت ۋە نىيەت - مەقسەتتە پەقەت ئاللاھ رىزاسىنىلا كۆزلىگەن، ئەقىدىسى توغرا، ئەمىلى ياخشى ۋە ئەخلاقى گۈزەل ئىنساندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىشى مەيلى باشقىلارنىڭ يېنىدا بولسۇن، مەيلى يالغۇز بولسۇن راست گەپ قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلىدۇ. «ئاللاھ بەندىلىرىگە شەپقەتلىكتۇر» - ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە شەپقەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىش ۋە كىتابلار نازىل قىلىش ئارقىلىق توغرا - خاتانى تونۇتقان، مۇنافىق ئىنساننىڭ ۋە مۇئمىن ئىنساننىڭ ئۆلچىمىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ھەر چىرايلىق سۆزگە ئالدانماسلىق ۋە ھەر كۈلۈمسىرىگەن يۈزگە ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا مۇئمىنلارنى ئاگاھلاندۇرغان، باشقىلار ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولۇشنىڭ، مۇنافىقلارنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئىشىنىش مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِي الْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ الْحَرْثَ وَالنَّسْلَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْفَسَادَ
ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ھۇزۇرۇڭدىن قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ، يېنىڭدىن ئايرىلسا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئېكىن ۋە نەسىللەرنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ
ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن، دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭغا ئاللاھتىن قورققىن دېيىلسە، تەكەببۇرلۇقى تۇتۇپ، گۇناھقا پاتىدۇ، بۇنداق ئادەمگە جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭغا: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن!» دېيىلسە، گۇناھى بىلەن مەغرۇرلىنىپ تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي! — ئەنەس ئالىم
-
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْرِي نَفْسَهُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ
بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلى بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ جېنىنى پىدا قىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە شەپقەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا ادْخُلُوا فِي السِّلْمِ كَافَّةً وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! تىنچلىققا تولۇق كىرىڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار[60]. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە «تىنچلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «سىلم - السلم» بولۇپ، بۇ كەلىمە ئىككى تۈرلۈك مەنە ئىپادىلەيدۇ: بىرى ئىسلام، يەنە بىرى سۈلھى (يارىشىش، كېلىشىش، ئەپلىشىش). بىرىنچى مەنىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «ئى مۇئمىنلار! ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە كىرىڭلار، يەنى ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئىجرا قىلىڭلار، بەزىسىنى قوبۇل قىلىش، بەزىسىنى رەت قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار». ئىككىنچى مەنىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «ئى مۇئمىنلار! سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرىڭلار، يەنى ئاللاھ بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، كائىنات بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ھايۋانلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ئىنسانلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ئۆزۈڭلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ زَلَلْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْكُمُ الْبَيِّنَاتُ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) ئاللاھ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن توغرا يولدىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر سىلەر روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن يەنىلا ھەقتىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر سىلەر دەۋەت قىلىنغان تىنچلىق يولىنىڭ «ھەق يول» ئىكەنلىكىنى ئاشكارا كۆرسىتىدىغان ۋە ئېنىق بىلدۈرىدىغان ئايەتلەر نازىل بولغاندىن كېيىن، يەنىلا خاتا يولدا مېڭىش ۋە يامانلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ قايسى يولنىڭ «تىنچلىق يولى»، قايسى يولنىڭ «خەتەرلىك يول» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا تىنچلىق يولىغا چاقىرغان، خەتەرلىك يولدىن توسقان، توغرا يولدىن چىققانلارنى جازالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. سىلەر يەنىلا يامانلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، ئاللاھنىڭ شۇنچە بىلدۈرۈش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چەكلىشىگە پەرۋا قىلماستىن يامان يولدا ئەزۋەيلىگەن بولىسىلەر. بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئۆز قۇدرىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن جازا بېرىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، كۈچلۈكتۇر ۋە سىلەرنى جازالاشقا قادىردۇر. ئاللاھنىڭ سىلەرنى جازالاش توغرۇلۇق بېرىدىغان ھۆكمى توغرا ۋە ئادىلدۇر، سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى جىنايىتىڭلارغا دەل مۇۋاپىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا أَنْ يَأْتِيَهُمُ اللَّهُ فِي ظُلَلٍ مِنَ الْغَمَامِ وَالْمَلَائِكَةُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
ئۇلار (يەنى ئىسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) ئاللاھنىڭ بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە ئىشىنىڭ پۈتۈشىنىلا كۈتەمدۇ؟ ۋەھالەنكى ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
توغرا يولدىن تېيىپ كەتكەنلەر پەقەت (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ بۇلۇتلار سايىسىدا كېلىشىنى، پەرىشتلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشىنىلا كۈتىدۇ، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر، ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بۇلۇت سايىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى ۋە ئىشلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ساقلاۋاتامدۇ؟ ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
تىنچلىققا تولۇق كىرىشتىن باش تارتقان ۋە شەيتانغا ئەگىشىشنى داۋاملاشتۇرغان ئۇ ئىنسانلار، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن نېمىنى ساقلاۋاتىدۇ، نېمىنى كۈتۈۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئاللاھ خالايىقتىن ھېساب ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن سايىۋەنلەرگە ئوخشايدىغان بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە كېلىدىغان، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغان قىيامەت كۈنىنى كۈتۈۋاتامدۇ؟. بۈگۈن (بۇ دۇنيادا) ھەقنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىككىلەنگەنلەر ئۇ كۈندە ئىشنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلىدۇ، قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدۇ ۋە نەدە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ، شۇنداقلا پۇشايمان قىلىدۇ، ئىككى قولىنى چىشلەيدۇ، دۇنياغا قايتىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىپ ئاخىرەتكە باشقىدىن كېلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايدۇ، لېكىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَمْ آتَيْنَاهُمْ مِنْ آيَةٍ بَيِّنَةٍ ۗ وَمَنْ يُبَدِّلْ نِعْمَةَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
(ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزگەرتىۋەتسە (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئازاب قىلىدۇ)، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر كۆپ روشەن ئايەتلەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتسە، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: بىز ئۇلارغا روشەن ئايەتلەردىن قانچىلىك ئاتا قىلدۇق؟ كىمكى ئاللاھنىڭ نېمىتى ئۆزىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ قاتتىق جازا بەرگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ يەردىكى «ئىسرائىل ئەۋلادى» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. «سورىغىن»دىكى سوئالنىڭ مەزمۇنى ئۆتمۈشتىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىلمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «قانچىلىك ئاتا قىلدۇق؟» ئىپادىسىدىكى سوئال ئۇلارنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ) جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى ئەيىبلەش، تەنقىد قىلىش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن سورالغان سوئالدۇر، چۈنكى بۇ يەھۇدىيلار قۇرئان كەرىمنىڭ شۇنچە روشەن ئايەتلىرىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا قانچىلىق روشەن ئايەت ئاتا قىلدۇق؟ بىز ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا نۇرغۇنلىغان روشەن ئايەت (كىتابنىڭ ئايەتلىرى ۋە مۆجىزىلەر) بەرگەن ئىدۇق، لېكىن ئۇلار (بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى) يەنىلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە يۈز ئۆرۈشنى داۋاملاشتۇرغان، شۇنداقلا جازالاندۇرۇلغان ئىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولغان بۇ يەھۇدىيلار ساڭا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ، شۇنچە روشەن ئايەتلەرنى ئاڭلاپمۇ ئازغۇنلۇقتىن ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشتىن يانمايۋاتىدۇ، ئىسلامغا قىلغان دەۋىتىڭگە قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. بۇ ئۇلاردىن سادىر بولغان يېڭى ئىش ئەمەس، ئەكسىچە بۇ ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا پەيغەمبەرلەر مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن، بىز ئۇلارنى ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار بىلەن سىنىغان، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئەقىل - ھوشىنى تاپمىغان، قارشى تۇرۇش ۋە تەرسالىق قىلىشتىن يانمىغان، شۇنداقلا نېمەتكە كۇفرىلىق بىلەن قارشىلىق بەرگەن؛ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزۇش، پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ئىنكار قىلىش ۋە بەزىسىنى ئۆلتۈرۈش، زالىملىق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، «بىز ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» دەپ ئاللاھقا بوھتان چاپلاش، قەلبلىرى قېتىپ كېتىش، دۇنياغا بەك ھېرىسمەن بولۇش قاتارلىق گۇناھلارنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جازاغا لايىق بولغان ۋە جازالانغان؛ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققان، خارلىق ۋە چارىسىزلىككە دۇچار بولغان، ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان نەپرەت ۋە ئاداۋەت سالغان، بىر قىسمىنى مايمۇنغا ئۆزگەرتىۋەتكەن، چۆلدە ئېزىقتۇرۇۋەتكەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەسۋا بولۇش جازاسى بەرگەن، پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلغان، ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرگەن. «كىم ئاللاھنىڭ ئۆزىگە كەلگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ قاتتىق جازا بەرگۈچىدۇر»، يەنى كىم ئۆزىگە كەلگەن ئايەتلەردىن ئىبارەت نېمەتكە، ئۇلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت شۈكۈرنى ئادا قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇلارغا بويسۇنماسلىق ئارقىلىق ناشۈكۈرلۈك قىلىدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇلارنى قاتتىق جازالايدۇ. دۇنيادا جاپا - مۇشەققەتكە، ئاخىرەتتە ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَيَسْخَرُونَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا ۘ وَالَّذِينَ اتَّقَوْا فَوْقَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَاللَّهُ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
كاپىرلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى چىرايلىق كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە، نېمەتلىرىگە مەپتۇن بولىدۇ) ۋە مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن (دەرىجە جەھەتتە) ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كافىرلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇلار مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى، قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلارغا دۇنيا ھاياتى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. تەقۋادارلار قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئۈستۈندۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
كافىرلارنىڭ، جۈملىدىن ئالدىنقى ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن كافىرلارنىڭ ھەقتىن يۈز ئۆرۈشىنىڭ ۋە كۇفرىلىق قىلىشىنىڭ سەۋەبى دۇنيا ھاياتىنى ئەلا بىلىش ۋە كۆزلەشتۇر. شەيتان ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىنىڭ جازىبىلىك نەرسىلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، ئاخىرەت ھاياتىنى ئەلا بىلگەن ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلغان. ئاللاھ مۇئمىنلارنى ئاخىرەتتە ئۇلاردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. كافىرلارنىڭ مال - مۈلكىنىڭ كۆپ بولۇشى، دۇنيا ھاياتىنىڭ گۈزەللىكىرىگە ئىگە بولۇشى ئۇ كافىرلارنىڭ ئەۋزەللىكىگە دالالەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ رىزىقنى ئىمان ۋە كۇفۇرغا قارىتا تەقسىم قىلمايدۇ. رىزىقنىڭ كەڭلىكى ۋە تارلىقى مۇئمىنلار ئۈچۈن سىناق، كافىرلار ئۈچۈن مۆھلەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 213-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار ئاللاھنىڭ ھىدايىتى توغرا يول پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەركَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ وَأَنْزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ ۚ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا الَّذِينَ أُوتُوهُ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۖ فَهَدَى اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا لِمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ ۗ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ئاللاھ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (ئاللاھ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا كىتابنى ھەقىقەت بىلەن نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن كىشىلەرلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ (يەنى كاپىرلار مۆمىنلەرگە ھەسەت قىلىپ)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى ئۇلار (يەنى گۇمراھلار) ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلار دەسلەپتە بىر ئۈممەت ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (ئاللاھ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىللە ھەق يولنى كۆرسەتكۈچى كىتابنى نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىيلارلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى يەھۇدىيلار بىرلىككە كېلەلمىگەن ھەقىقەتكە يېتەكلىدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى. ئاندىن ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى نەبىيلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى، ئىنسانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ نازىل قىلدى. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇزۇن زامانغىچە بىر ئۇممەت ئىدى، يەنى ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستىدە ئىدى. بۇ ھالەت تاكى ئۇلارنىڭ بەزىسى شەيتانغا ئالدىنىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى شېرىك كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شېرىك پەيدا بولدى ۋە تارقالدى، شۇنداقلا ئۇلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتى. ئىنسانلار يەنە ئىختىلاپنى داۋاملاشتۇردى ۋە مۇئمىن، كافىر، مۇۋەھھىد، مۇشرىك دەپ پىرقىلەرگە ئايرىلدى، ئاللاھ تائالا ئارقا - ئارقىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى. ھەر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بەرگەن كىتابىنى ئېلىپ كەلدى ۋە يەتكۈزدى. كىتاب ئىنسانلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەر نەرسىنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ھەر پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن، ھۆكۈم ۋە يوليورۇقلار ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشقانلار، ئىلگىرى ئۆزلىرىگە باشقا بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق باشقا بىر كىتاب بېرىلگەنلەر ئىدى. جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن كىتابقا باشتىلا ئىمان ئېيتىشى كېرەك تۇرۇقلۇق ئاۋۋال كافىر بولغان بۇ يەھۇدىيلارمۇ ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كىتاب بېرىلگەن ئىنسانلار ئىدى. يەھۇدىيلارنى ھەسەتخورلۇق، شۆھرەتپەرەسلىك، ئەمەلپەرەسلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قۇرئاننى قوبۇل قىلماسلىققا ۋە قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىشقا ئېلىپ بارغان. ئاللاھ تائالا ئۇلار ئىختىلاپ قىلغان ھەقكە مۇئمىنلارنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنگەنلەرنى) ئۆزىنىڭ رۇخسىتى (ئاسانلاشتۇرۇشى، ئىلتىپاتى ۋە تەۋپىقى بىلەن) ھىدايەت قىلغان (ئەلھەمدۇ لىللاھ). «ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»، يەنى ئاللاھ تائالا ھەقكە يۆنەلگەن، ھەقنى قوبۇل قىلغان ۋە ھەقكە ئىنتىلگەن كىشىلەرنى توغرا يولغا ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 214-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى ئىلاھىي سىناق ئاللاھقا ئىشىنىش قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ سىناقلىرىأَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُمْ مَثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ ۖ مَسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ
سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆمىنلەرمۇ ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە پاراكەندىچىلىككە سېلىنغان ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دېيىشكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرنىڭ ئوخشىشى تېخى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلمىدىغۇ! ئۇلار چىدىغۇسىز بېسىم ۋە قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ شۇ دەرىجىدە بولغان ئىدىكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟» دەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ناھايىتى يېقىندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ بەندىلىرىنى كەڭچىلىك، قىيىنچىلىق، مۇشەققەت ۋە ھەر تۈرلۈك مۇسىبەت بىلەن سىناش، شۇنداقلا مۇئمىن بىلەن مۇنافىقنى ئايرىشتۇر. بۇ قانۇن قىيامەتكە قەدەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئىجرا قىلىنىدۇ. دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، مۇسىبەت ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە پەرۋا قىلماستىن ئاللاھ يولىدا مۇستەھكەم تۇرغانغانلار ھەقىقىي مۇئمىن ھېسابلىنىپ، بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ، لېكىن ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەزىيەتنى ئاللاھتىن كەلگەن ئازاب بىلەن ئوخشاش كۆرۈپ توغرا يولدىن يانغانلار ۋە مۇشەققەتنى كۆرۈپ غايىسىدىن ۋاز كەچكەنلەر كاززاپتۇر، مۇنافىقتۇر، ئالدامچىدۇر. شۇڭلاشقا ئىلگىرىكى مۇئمىنلارغا ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلەر كەلگەن. ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈش، يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىش، مال - مۈلكىگە زىيان يېتىش، يېقىنلىرىدىن ئايرىلىش قاتارلىق تۈرلۈك كۈلپەتلەر بىلەن سىنالغان، ھەتتا ئۇلار بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنىڭ كېچىككەنلىكىنى ئويلاپ، بۇنى ئوچۇقچە زىكىر قىلىدىغان ھالەتكە كەلگەن. ئاخىرى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نۇسرىتى كەلگەن. دېمەككى، ئاللاھ تائالا ھەق ئۈستىدىكى بەندىسىنى سىنايدۇ، ئۇ ھەقتە چىڭ تۇرغانسېرى سىناق كۈچىيىدۇ، لېكىن ئۇ ئاداققىچە چىداپ ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتسە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقى كەڭچىلىككە، جاپاسى ساپاغا، مۇشەققىتى مۇۋەپپەقىيەتكە، ئەندىشىسى ئەمىنلىككە ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنىمۇ سىنىغان. بۇ قىيامەتكىچە مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 215-ئايەت) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلمى سەدىقە يېتىملارنى بېقىش يوقسۇللارنىڭ ھەققىيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ ۖ قُلْ مَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ خَيْرٍ فَلِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىدىن) قانداق نەرسىنى سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى نەگە سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكۈڭلاردىن قانداق نەرسىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا-ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سەندىن نېمە چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ». — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ئىقتىسادىي ياردەمنى ئالدى بىلەن كىملەرگە قىلىش لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ. لۇغەتتە سەرپ قىلماق، چىقىم قىلماق مەنىلىرىدە كېلىدىغان «ئىنفاق - إنفاق» كەلىمىسىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئاتالغۇ مەنىسى «ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تۈرلۈك ياخشى يوللارغا پۇل - مال سەرپ قىلىش، موھتاجلارنى نەپىقە (تۇرمۇش خىراجىتى) بىلەن تەمىنلەش، يېتىم - يېسىرلارغا خەيرخاھلىق قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆشرە - زاكات ۋە سەدىقە پىترىگە ئوخشاش زىممىگە يۈكلىنىدىغان ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر بىلەن بىرلىكتە، سەدىقە، خەير - ساخاۋەت ۋە ئىئانىگە ئوخشاش ئىختىيارىي ھالدا قىلىنىدىغان ئىقتىسادىي نەپلە ئىبادەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كەلىمە (ئىنفاق - چىقىم قىلىش) بۇ ئايەتتە ئىككىنچى مەنىسىدە بولۇپ، مەجبۇرىي بولمىغان ئىختىيارىي چىقىملارنىڭ ھالال ۋە پاك ماللاردىن قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاتا - ئانىدىن باشلاپ ئەڭ يېقىن تۇغقانلارغا، ئاندىن يېتىملەر، مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلارغا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاللاھ يولىدا نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى ۋە كىملەرگە چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار، ئالدى بىلەن ئاتا - ئاناڭلارغا، ئاندىن ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا چىقىم قىلىڭلار، ئاندىن قالسا يېتىم، مىسكىن ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار، چۈنكى ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلار پەرزدۇر، ئۇلارغا نەپىقە بېرىش ئەڭ بۈيۈك ياخشىلىقتۇر. بولۇپمۇ ئاتا - ئانا موھتاج، بالىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسا، بۇ تەقدىردە بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا نەپىقە (تۇرمۇش خىراجىتى) بېرىشى پەرز بولىدۇ. ئاتا - ئاناڭلاردىن قالسا ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا چىقىم قىلىڭلار، چۈنكى بۇ ھەم خەير - ساخاۋەت، ھەمدە سىيلە - رەھىم ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن قالسا يېتىملەرگە، مىسكىنلەر ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر موھتاجدۇر. موھتاجغا ياردەم قىلىش پەزىلەتتۇر. «قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»، مەيلى يۇقىرىدىكىلەرگە قىلىنغان ئىقتىسادىي ياخشىلىق بولسۇن، مەيلى باشقا ھەر قانداق موھتاج كىشىگە ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىغا قىلىنغان ماددىي - مەنىۋى ياخشىلىق بولسۇن، سىلەر ئۇلاردىن قاندىغىنى قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. ھەر كىشى ئىقتىسادىي ئىبادىتىدە نىيەت ۋە ئىخلاسى، قىلغان خەير - ساخاۋىتىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، موھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىشى ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ جارى قىلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى... قاتارلىقلار بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ وَهُوَ كُرْهٌ لَكُمْ ۖ وَعَسَىٰ أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَعَسَىٰ أَنْ تُحِبُّوا شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى. ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ياقتۇرمايدىغان ئەھۋالدىمۇ ئۇرۇش قىلىش بىلەن سىلەرگە پەرز قىلىندى. سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرماي قېلىشىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىندى، لېكىن سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. سىلەر ياقتۇرمىغان نەرسە سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. سىلەر ياقتۇرغان نەرسە سىلەر ئۈچۈن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارغا مەككىدىكى دەۋرىدە ئۇرۇش قىلىش رۇخسىتى بېرىلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار مۇئمىن بولغانلىقى ئۈچۈن بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىشقا، كافىرلارنىڭ يامانلىقلىرىغا ياخشىلىق بىلەن قارشىلىق بېرىشكە ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈشكە بۇيرۇلىدۇ. بۇنى يۇقىرىدىكى 214 - ئايەتنىڭ مەزمۇنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇلار مەدىنىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ۋە ھەر جەھەتتىن كۈچەيگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بېرىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ ئايەتتە ئۇلارغا ئۇرۇشنىڭ پەرز قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتمۇ قارشى تەرەپ ئۇرۇش ئاچقان تەقدىردە ياكى ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھەقلىق سەۋەبلىرى تېپىلغان تەقدىردە ئۇرۇشنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى مۇئمىنلار ئۆزلىرى بىلەن دىن توغرىسىدا ئۇرۇش قىلمىغان، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن (ۋەتەنلىرىدىن) ھەيدەپ چىقىرىۋەتمىگەن ۋە ھەيدەپ چىقىرىلىشى ئۈچۈن باشقىلارغا ياردەم قىلمىغان كافىرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا تەرغىب قىلىنىدۇ. بۇنى، بۇ ئايەتنىڭ ئالدىنقى ئايەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ تەكىتلەيدۇ، چۈنكى يېقىنلارغا ۋە موھتاجلارغا مال چىقىم قىلىش، جەمئىيەتنى ئىچكى جەھەتتىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇرۇش قىلىش بولسا، جەمئىيەتنى تاشقى جەھەتتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە دىنىڭلارنى ھىمايە قىلىش، ۋەتىنىڭلارنى ئىشغالدىن مۇداپىئە قىلىش، ئۆزۈڭلارنى ئاسارەتتىن ساقلاش قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىش پەرز قىلىندى. ئۇرۇش قىلىشنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن. شۇنى بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار كۆڭلۈڭلار تارتقان، نەپسىڭلار خالىغان ۋە تەبىئىتىڭلار ياقتۇرغان نەرسىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھ سىلەرنى بۇيرۇغان ئىشتىدۇر. شۇنىڭدەك، زىيىنىڭلارمۇ كۆڭلۈڭلار تارتمىغان، نەپسىڭلار خالىمىغان ۋە تەبىئىتىڭلار ياقتۇرمىغان نەرسىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن نەرسىدىدۇر. چۈنكى ئاللاھ بىلىدۇ. سىلەر بىلمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الشَّهْرِ الْحَرَامِ قِتَالٍ فِيهِ ۖ قُلْ قِتَالٌ فِيهِ كَبِيرٌ ۖ وَصَدٌّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَكُفْرٌ بِهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِ مِنْهُ أَكْبَرُ عِنْدَ اللَّهِ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ الْقَتْلِ ۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَاتِلُونَكُمْ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمْ عَنْ دِينِكُمْ إِنِ اسْتَطَاعُوا ۚ وَمَنْ يَرْتَدِدْ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرەمدە (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (يەنى مۆمىنلەرگە زىيانكەشلىق قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئەمما ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرلىق قىلىش، ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇش ۋە ھەرە مەسجىدى ئەھلىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، (دىندىن قايتۇرۇش ئۈچۈن مۆمىنلەرگە) زىيانكەشلىك قىلىش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». كافىرلار قولىدىن كەلسىلا، سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ تۇرىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن يېنىپ كافىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. لېكىن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كافىر بولۇش، مەسجىدى ھەرەمنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىش بولسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. فىتنە ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر». ئۇلار كۈچى يەتسە سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرغانغا قەدەر توختىماي سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىم دىنىدىن يېنىپ كافىر ھالىتىدە ئۆلسە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلار «سىلەرگە ئۇرۇش قىلىش پەرز قىلىندى» دېگەن مەنىدىكى ھۆكۈمنى ئاڭلاپ، سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا (رەجەب، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرىدا) ئۇرۇش قىلىش ھەققىدە: «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش ھارام ئەمەسمۇ؟ بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش ھارام ئىش قىلغانلىق بولمامدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورايدۇ. ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: «توغرا، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر، لېكىن ئاللاھنىڭ يولىدىن ئىنسانلارنى توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، ئىنسانلارنى ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر. فىتنە (مۇئمىنلارنى ئېزىش، قىيناش، كۇفرىلىققا مەجبۇرلاش ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئەنە شۇ ئەڭ چوڭ گۇناھ ۋە ئەڭ ۋەھشىي جىنايەتلەرنى توختىتىش، يوق قىلىش ۋە يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا ۋاقىتلىق رۇخسەت بېرىلدى، ھەتتا ئەمر قىلىندى». ئى مۇئمىنلار! بىلىڭلاركى، ئۇ زالىملارنىڭ سىلەرگە قىلغان مۇئامىلىسى جىنايەت، زۇلۇم ۋە بېسىم بولۇپ كەلدى. ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۈچى يەتسە سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرغانغا قەدەر سىلەر بىلەن توختىماستىن ئۇرۇشىدۇ. كىم ئۇلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي دىنىدىن يېنىپ كۇفرىلىق ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمىلى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ (يەنى ئۇ، دۇنيادا كافىر مۇئامىلىسى كۆرىدۇ، ئاخىرەتتە ئەمىلىنىڭ پايدىسىنى كۆرمەيدۇ)، شۇنداقلا دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار، ئۇلارنى يۇقىرىدىكى جىنايەتلىرىدىن ياندۇرۇش ۋە سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان تەقدىردە ئۇلارغا ئۇرۇش بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلساڭلار ھېچ گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇلارنىڭ سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرالماسلىقى ئۈچۈن ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئېچىشىغا ئۇرۇش بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىڭلار كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرالمايدۇ، ئاخىرى ھەق غالىب كېلىدۇ، ئۇلار ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ يَرْجُونَ رَحْمَتَ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار- ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار __ ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
«ئىمان» - ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا ئىشىنىش ۋە ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگە ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. «ھىجرەت» - كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچرىغان جايدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغان باشقا بىر جايغا كۆچۈپ كېتىشى دېمەكتۇر. «جىھاد» - ئاللاھ ئاتا قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا ئىشلىتىش ۋە پىدا قىلىش دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ئاللاھنىڭ يولىدا جاننى تىكىپ ئۇرۇش قىلىشتۇر. بۇ ئۈچ ئىش ياخشى ئىشلارنىڭ ئاساسى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى ۋە بەخت - سائادەتنىڭ مەنبەسىدۇر، چۈنكى ئىمان ياخشى ئەمەللەرنىڭ تۈرتكىسىدۇر. ھىجرەت ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇرت - ماكان، مال - مۈلۈك، بالا - چاقا ۋە دوست - بۇرادەرلەرنى تەرك ئېتىشتۇر. جىھاد بولسا، ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ۋە دۈشمەنلەر بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىش دېگەن بولۇپ، ئىسلامنىڭ تارقىلىشى، ئادالەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى، زۇلۇمنىڭ يوقىلىشى، جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر، شۇڭلاشقا «ياخشى ئەمەللەرنىڭ چوققىسىدۇر». كىم بۇ ئىشلارنىڭ جاپا - مۇشەققىتىگە چىداپ، ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، پەقەت بۇ كىشىلەرلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلسا بولىدۇ، چۈنكى «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»، ئۇلار بۇ ئۈچ ئىشى بىلەن «ياخشى ئىش قىلغۇچى» ھېسابلىنىدۇ. دېمەككى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك سەۋەبلەرنى قىلىش ۋە لازىملىق شەرتلەرنى ئورۇنداش لازىم. سەۋەب قىلماستىن رەھمەت ئۈمىد قىلىش خام خىيالدۇر، ئۆزىنى ئالدىغانلىقتۇر، شۇنداقلا سەمىمىيەتسىزلىك ۋە ئەقىلسىزلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. «ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر». بۇ ئىپادە يۇقىرىدىكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ ئۆز پېئىلى بىلەن ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت تىلىگەن بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت ۋە مەرھەمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِنْ نَفْعِهِمَا ۗ وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن، ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «(ئېھتىياجدىن) ئارتۇقىنى (سەدىقە قىلىڭلار)» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ (ئىشلىرىنى) تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە ئازغىنا نەپمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ نەپكە قارىغاند چوڭدۇر» دېگىن*[1]، ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «ئېھتىياجدىن ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىڭلار» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سەندىن مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر قىسىم پايدىلار بار. لېكىن ئىككىسىنىڭ گۇناھى پايدىسىدىن چوڭدۇر». ئۇلار سەندىن نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەفۋەنى چىقىم قىلىڭلار»[61]. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مەست قىلغۇچى نەرسە بىلەن قىمارنىڭ چوڭ گۇناھلارغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئېغىر زىيانلارغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئۇلاردا بىر قىسىم پايدىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، لېكىن ئۇلار سەۋەبچى بولىدىغان گۇناھ ۋە زىيانلارنىڭ ئۇلاردىكى پايدىدىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. دەرۋەقە مەست قىلغۇچى نەرسىلەردە ئەقىلنى بۇزۇش، ئىرادىگە توسقۇنلۇق قىلىش، تەن سالامەتلىككە دەخلى يەتكۈزۈش، ساغلام نەسىل مەيدانغا كېلىشىگە ۋە نەسىلنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە توسالغۇ بولۇش، ۋاقىتنىڭ ۋە پۇل - مالنىڭ بىھۇدە زايە بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتكە ئېلىپ بارىدىغان جېدەل - ماجىرالارغا سۆرەپ بېرىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا ۋە ناماز ئۆتەشكە توسالغۇ بولۇش،... قاتارلىق گۇناھ ۋە زىيانلار بار. مەست قىلغۇچى نەرسىلەردە ئىستېمال قىلغانلارغا ۋاقىتلىق زوق بېرىش، ئىشلەپچىقارغان ۋە تىجارىتىنى قىلغانلارغا كىرىم كەلتۈرۈش، خام ماددا باسقۇچىدىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرىدا ئىستېمال قىلىنغۇچىلىك بولغان جەرياندا ئۇلارغا ئالاقىدار ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ (مەسىلەن: توپ ۋە پارچە ساتقۇچىلار، ھامماللىقىنى قىلغانلار ۋە ساقىيلارنىڭ) تۇرمۇش خىراجىتىنى قازىنىشى قاتارلىق پايدىلارمۇ بار. قىمارغا كەلسەك، ئۇنىڭدىمۇ ھۇرۇنلۇق ۋە تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت پەيدا قىلىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەشكە توسالغۇ بولۇش، ۋاقىتنىڭ بىھۇدە زايە بولۇشىغا سەۋەب بولۇش، ئۇتقۇزۇپ قويغانلارنى مال - مۈلۈكتىن ئايرىۋېتىش، ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، ھاياتنىڭ مۇقىمسىزلىقىغا ئېلىپ بېرىش قاتارلىق گۇناھ ۋە زىيانلار بار. بۇلارنىڭ يېنىدا ئۇتقانلارنىڭ قازىنىشى ۋە خۇشال بولۇشى، قاتناشقانلارنىڭ ھەقسىز يەپ - ئىچىشى ۋە ۋاسىتە بولغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش پايدىلارمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتكە دىققەت بىلەن قارىغان ئەقىل ئىگىسى مەست قىلغۇچى نەرسە بىلەن قىمارنىڭ يامان ئىشلار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ، چۈنكى ئەقىل كۆپ زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاز پايدىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ھاراملىقنىڭ ئوچۇق ۋە ھەر كىشىگە ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئاخىرىدا «مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار... پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئەمىلىدىندۇر، ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەت نازىل بولغان. «ئۇلار سەندىن نېمە چىقىم قىلىش توغرۇلۇقمۇ سورايدۇ»، «چىقىم قىلىش - إنفاق»نىڭ مەنىسى ھەققىدە 215 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. بۇ سوئال ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلىنىدىغان نەرسىنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سوئالغا «ئەفۋەنى» چىقىم قىلىڭلار دېگەن جاۋاب نازىل بولغان. «ئەفۋە - العفو» كەلىمىسىنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى ئارتۇق، ئاز ۋە ئاسان نەرسە دېگەن بولىدۇ. بۇ ئىپادە مۇئمىنلار «ئاللاھ يولىدا» چىقىم قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ (ئۆشرە - زاكات ۋە خەير - سەدىقىلەرنىڭ) ئېھتىياجدىن ئارتۇق نەرسىلىرىدىن ئاز بىر مىقدار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا بېرىش ئېغىر كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، تەپەككۇر قىلغايسىلەر»، ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئايەتلەرنى ئېنىق ۋە ئوچۇق بىلدۈرۈشى ، سىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا پايدىلىق بولىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۗ وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْيَتَامَىٰ ۖ قُلْ إِصْلَاحٌ لَهُمْ خَيْرٌ ۖ وَإِنْ تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ الْمُفْسِدَ مِنَ الْمُصْلِحِ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَعْنَتَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «(تەربىيەلەش، ماللىرىنى كۆپەيتىپ) ئۇلارنى تۈزەش ياخشىدۇر، ئۇلار بىلەن (ئۇلارغا پايدىلىق بولغان رەۋىشتە) ئارىلىشىپ ياشىساڭلار بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ (دىنىي) قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى (قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر، سىلەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى چوقۇم جاپاغا سالاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت توغرىسىدا تەپەككۇر قىلغايسىلەر. ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنى تەربىيەلەپ ماللىرىنى كۆپەيتىش ياخشى ئىشتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار ھېچ ۋەقەسى يوق. چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر». ئاللاھ كىمنىڭ بۇزغۇچى، كىمنىڭ تۈزىگۈچى بولغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
يېتىملەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلار بالاغەتكە يەتكۈچىلىك ماللىرىنى ساقلاپ، بالاغەتكە يېتىپ ئەقلى تاكامۇللاشقاندا ئۇ ماللارنى ئۇلارغا ساق - سالامەت تاپشۇرۇش جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە يېتىملەرگە يامانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىغا زىيان يەتكۈزۈش چەكلىنىپلا قالماستىن، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ماللىرىنى ساقلاپ بېرىشكە ئالاھىدە ئەمر قىلىنىدۇ. يېتىملەر مەسىلىسى ئەنە شۇنداق مۇھىم بولغاچقا ئۆز ۋاقتىدىكى مۇئمىنلار بۇ ھەقتە بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالماسلىق ئۈچۈن ئايەتتىكى سوئالنى سورىغان ۋە جاۋابىغا ئېرىشكەن. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بەزى ساھابىلىرىڭ سەندىن يېتىملەر بىلەن بىر ئۆيدە بىللە ياشاش ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تەسەررۇپ قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ. ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى، ماللىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان ئىشنى قىلىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈنمۇ، ئۇلار ئۈچۈنمۇ ياخشىدۇر. بۇ ئىشتا مەقسەت يېتىملەرنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە بىرەر تىجارەتتە ئايلاندۇرۇپ كۆپەيتىلىشىدۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ بىر ئۆيدە بىللە ياشىساڭلار بۇنىڭ يامان تەرىپى يوق، چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىندىشىڭلاردۇر، قېرىنداش ئۆز قېرىندىشىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئاراڭلارغا ئېلىپ بىللە ياشاش ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغان بولسا، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار قارار بېرىپ ئۇلارنى ئاراڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ. ئاللاھ يېتىملەرگە يامانلىق قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى زايە قىلغان كىشىنى، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغان، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قوغدىغان ۋە ياخشىلاشقا تىرىشقان كىشىدىن ئايرىيدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، يېتىملەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تەسەررۇپ قىلىشنى ھارام قىلىپ سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى، مۇشەققەت تارتقۇزاتتى. لېكىن ئۇنداق قىلمىدى، چۈنكى ئاللاھ غالىبتۇر، چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر؛ مەخلۇقاتىنىڭ ئىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە مۇۋاپىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَنْكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِنْ مُشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنْكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُؤْمِنٌ خَيْرٌ مِنْ مُشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن ـ جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغۇچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمان دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۇسۇلمان قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەرلەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا باشلايدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن چۆرە، مۇشرىك ئايالدىن ياخشىدۇر. بۇ مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا نىكاھلاپ بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن قۇل، مۇشرىك ئەردىن ياخشىدۇر. بۇ مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىكلار دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئېنىق بىلدۈرۈشى بىلەن جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئېسىدە ساقلىسۇن دەپ ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
رىۋايەت قىلىنىشىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھاشىم جەمەتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان مەرسەد ئىبنى ئەبى مەرسەدنى مەككىدىن بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنى مەخپىي ھالدا چىقىرىش ئۈچۈن مەككىگە ئەۋەتكەن. مەرسەد مەككىگە كەلگەندە ئۇنىڭ جاھىلىيەتتىكى ئاشنىسى ئەناق ئىسىملىك ئايال يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى تەلەپ قىلغان. مەرسەد ئۇ ئايالغا ئىسلامنىڭ بۇنىڭدىن مەنئى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگەر رەسۇلۇللاھ رۇخسەت قىلغان تەقدىردە ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. مەرسەد رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە ئەناق بىلەن ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشنى خەۋەر قىلغان ۋە : «ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەنسەم ھالال بولامدۇ؟» دەپ سورىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلغان ۋە مۇشرىكلار بىلەن ئۆيلىنىشنى ھارام قىلغان. دېمەككى، بۇ ئايەت مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ مۇشرىك ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشىنىڭ، مۇشرىك ئەرلەرگە قىزلىرى ۋە ھەمشىرىلىرىنى ياتلىق قىلىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئېنىق ۋە قەتئىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ ۖ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ ۖ وَلَا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطْهُرْنَ ۖ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق) سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر). شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيزدىن) پاك بولغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار». ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھەيز مەزگىلىدە (جىنسىي ئالاقە قىلىش) توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ زىيانلىقتۇر، ھەيز مەزگىلىدە خوتۇنۇڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيزدىن) پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار». ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار[62]. ئوبدان پاكلانغان چاغلىرىدا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن كېلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ھەيز - جىنسىي ھۈجەيرىسى پىشىپ - يېتىلگەن قىزلارنىڭ بالىياتقۇسىدىن قان كېلىش ھادىسىسى بولۇپ، بۇنىڭ دەسلەپتە كېلىشى بىلەن قىزلار بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ. بۇ ھادىسە، باشلانغاندىن تارتىپ ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋرىي يوسۇندا مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئۇلار يېشى ئۆتۈپ (50 ياشلارغا بېرىپ) تۇغۇشتىن قالغۇچىلىك داۋاملىشىدۇ. بۇ ھادىسىنىڭ ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن ئون كۈنگىچە بولىدۇ. ھەر ئايالنىڭ ھەيز كۆرىدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئايالنىڭ ھەيز كۆرۈش ۋاقتى ئۈچ كۈن بىلەن ئون كۈن ئارىسىدا بىرقانچە كۈنگە مۇئەييەنلىشىدۇ ۋە بۇ كۈنلەر ئۇ ئايالنىڭ ئادەت كۈنلىرى ياكى ھەيز مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھادىسە ھەر ئايدا بىر قېتىم بولغانلىقى ئۈچۈن «ئاي كۆرمەك»، مۇئەييەن كۈنلەردە بولۇشى ئادەت بولغانلىقى ئۈچۈن «ئادەت كۆرمەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن كېلىدىغان نىفاسمۇ ھەر جەھەتتىن ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە جاھىلىيەت ئەھلى، ھەيز مەزگىلىدە ئاياللىرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمايتتى (ئۇلارغا ئايرىم ھۇجرا تەييارلاپ بېرەتتى)، بىر يەردە ئولتۇرمايتتى ۋە ھەمداستىخان بولمايتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى بىلگەن مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن: «ئاياللىرىمىز ئادەت كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ چەك - چېگراسى قانداق بولىدۇ؟ بىر ئۆيدە ئولتۇرۇش، ھەمداستىخان بولۇش ۋەھاكازالارچۇ؟» دەپ سورىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولغان. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ھەيز ھەم ئايال ئۈچۈن ھەم ئەر ئۈچۈن ئەزىيەتتۇر (زىيانلىقتۇر). شۇڭلاشقا ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، ھەيز توختاپ ئۇلار غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ پاكلانمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئۇلار ھەيزدىن پاك بولغان ۋە غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ پاكلانغان چاغدا، ئۇلارغا ئاللاھ رۇخسەت قىلغان جايدىن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە پاكلانغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ». بۇ ئايەتتىن مۇنۇ ھۆكۈملەر چىقىدۇ: 1) ھەيز ۋە نىفاس مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن بىر يەردە بولۇش دۇرۇس بولمايدۇ. 2) ھەيز ۋە نىفاستىن پاك بولۇپ تېخى غۇسۇل تاھارەت ئالمىغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولۇش دۇرۇس بولمايدۇ. 3) ھەيز ۋە نىفاس مەزگىلىدىكى ئايال قان توختاپ غۇسۇل تاھارىتى ئالمىغۇچىلىك ناپاك ھېسابلىنىدۇ. 4) ھەيز ۋە نىفاس مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن ئەر - خوتۇنچىلىق مۇناسىۋەتتىن باشقا ئىنسانىي ۋە ئائىلىۋى مۇناسىۋەتلەر ئادەتتىكى بويىچە داۋاملىشىدۇ: بىر ئۆيدە تۇرۇش، بىر جايدا ئولتۇرۇش، بىر تۆشەكتە يېتىپ - قوپۇش، بىر داستىخاندا يەپ - ئىچىش ۋەھاكازالار.... 5) گۇناھلاردىن پاكلىنىش تەۋبە قىلىش بىلەن، نىجاسەت ۋە ناپاكلىقتىن پاكلىنىش سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَكُمْ فَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّىٰ شِئْتُمْ ۖ وَقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ مُلَاقُوهُ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر). ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار، (گۇناھتىن چەكلىنىش بىلەن) ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولۇسىلەر، مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
خوتۇنلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر. ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولۇسىلەر. مۆمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر ئېتىزلىقتۇر. ئېتىزلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىڭلار[63]، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا چوقۇم مۇلاقات بولىسىلەر. مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
دېھقانلار زىرائەت تېرىش ئۈچۈن يەرنىڭ ھەر جەھەتتىن ئوبدىنىنى تاللىغاندەك سىلەرمۇ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلارنىڭ ئانىسى، ئۆيۈڭلارنىڭ ئامانەتچىسى ۋە ھايات يولدىشىڭلار بولىدىغان رەپىقەڭلارنى تاللاپ ھەر جەھەتتىن ياخشىسى بىلەن نىكاھلىنىڭلار، نىكاھتىن ئائىلە قۇرۇش، بالا - چاقىلىق بولۇش ۋە نەۋرە - چەۋرە كۆرۈشنى مەقسەت قىلىڭلار، بالىلىرىڭلارنى ئوبدان تەربىيىلەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار ۋە شۇنى بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىسىلەر، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشىغان مۇئمىنلارلا نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 224-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى قەسەم تىنچلىق ۋە يارىشىش ئاللاھتىن قورقۇشوَلَا تَجْعَلُوا اللَّهَ عُرْضَةً لِأَيْمَانِكُمْ أَنْ تَبَرُّوا وَتَتَّقُوا وَتُصْلِحُوا بَيْنَ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ياخشىلىق قىلماسلىققا، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن (ئۇلارنى قىلىشقا) ئاللاھنى توسالغۇ قىلماڭلار (يەنى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشنى ياخشى ئىشلارنى قىلماسلىقنىڭ سەۋەبى قىلماڭلار)، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ياخشىلىق قىلماسلىققا، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن ئاللاھنى شۇ ياخشى ئىشلارغا توسالغۇ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچتىم دەپ ياخشىلىق قىلىشتىن، تەقۋادارلىق قىلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن باش تارتماڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا قەسەم قىلغانلارنى قەسىمىدە تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قەسەمنى بۇزۇشتىن توسىدۇ، لېكىن بىرەر ياخشى ئىشنى تەرك ئېتىشكە ياكى بىرەر يامان ئىشنى قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان قەسەمدە تۇرۇشتىن توسىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر پەرز ئىشنى تەرك ئېتىشكە قەسەم قىلغان كىشىنىڭ قەسىمىدە تۇرۇشى ھارامدۇر، دەرھال ئۇ پەرزنى ئادا قىلىش ئارقىلىق قەسىمىنى بۇزۇپ كەففارەت بېرىشى لازىم. شۇنىڭدەك، بىرەر ھارامنى قىلىشقا قەسەم قىلغان كىشىنىڭمۇ ئۇ ھارامنى قىلماسلىق ئارقىلىق قەسىمىنى بۇزۇپ كەففارەت بېرىشى كېرەك. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچتىم دەپ ياخشى ئىش قىلىشتىن، تەقۋادارلىق قىلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن باش تارتماڭلار. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، نىيەت - مەقسەت ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، دىققەت قىلىڭلار!». «ياخشى ئىش قىلىش» - بۇ سۈرىنىڭ 177 - ئايىتىدە بايان قىلىنغان ياخشى ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، «تەقۋادارلىق قىلىش» - ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. «ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇش» بولسا، ئاراز بولۇپ قالغانلارنى ياراشتۇرۇش، نىزالىشىپ قالغانلارنى ئەپلەشتۈرۈش، سوقۇشۇپ قالغانلارنى كېلىشتۈرۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَٰكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا كَسَبَتْ قُلُوبُكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ
مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازاغا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىك بىلەن ئىچكەن قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلدىن نىيەت قىلىپ ئىچكەن قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر. — ئەنەس ئالىم
قەسەم ئەسلىدە، سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ياكى ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياكى سۈپەتلىرىدىن بىرنى تىلغا ئېلىپ ئېيتىلغان سۆز بولۇپ، ماھىيىتى ۋە ھۆكمى ئېتىبارى بىلەن ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) «بىھۇدە قەسەم»، بۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئادەتتىكى گەپ - سۆزلەردە «ياق ۋەللاھى، ماقۇل ۋەللاھى، خۇدا ھەققى» دېگەندەك تىلغا رام بولۇپ قالغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا كەففارەت كەلمەيدۇ ۋە كەچۈرۈلىدۇ. 2) «چىگىلگەن قەسەم»، بۇ بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ياكى قىلماسلىق ئۈچۈن قەسەمنى نىيەت قىلىپ ئىچىلگەن قەسەمنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى (جازاسى) ئۆز ئائىلىسىگە بېرىدىغان تاماقنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدىن ئون مىسكىنگە تاماق بېرىش ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىش ۋە ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشتۇر، ئۇلاردىن بىرىگە قادىر بولالمىسا ئۈچ كۈن روزا تۇتسىمۇ بولىدۇ. 3) «يالغان قەسەم»، بۇ ئۆزىنىڭ يالغىنىنى راست قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ياكى كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ناھەق يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن يالغاندىن قىلىنغان قەسەمنى كۆرسىتىدۇ. يالغان قەسەم قىلغان كىشىگە ئاللاھ ئاخىرەتتە مەرھەمەت قىلمايدۇ، ئىلتىپات قىلمايدۇ، مەغپىرەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِلَّذِينَ يُؤْلُونَ مِنْ نِسَائِهِمْ تَرَبُّصُ أَرْبَعَةِ أَشْهُرٍ ۖ فَإِنْ فَاءُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر تۆت ئاي كۈتىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار (بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشقا) قايتسا، (ئاياللىرىغا يامانلىق قىلغان گۇناھىنى) ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
خوتۇنلىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەرگە تۆت ئاي مۆھلەت بېرىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار بۇ مۆھلەت ئىچىدە خوتۇنلىرىغا يېقىنچىلىق قىلسا، ئۇنداق ئەھۋالدا ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولماسلىققا قەسەم ئىچكەن ئەرلەرنىڭ تۆت ئاي ساقلاش ھەققى بار. ئۇلار بۇ مۇددەت ئىچىدە قەسەملىرىدىن يانسا ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(226-227) بۇ ئىككى ئايەت ئىسلام قانۇنى (فىقھ)دا «ئىيلائـ - الإيلاء» دەپ ئاتىلىدىغان ۋە جاھىلىيەتتە نىكاھنى بىكار قىلىش يوللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مەخسۇس قەسەمنىڭ ھۆكمىنى بىلدۈرىدۇ. ئىيلائـ - ئەر كىشىنىڭ، تۆت ئايدىن ئاز ياكى كۆپ مۇددەت بەلگىلەپ، ئۇ مۇددەت ئىچىدە ئايالى بىلەن بىر يەردە بولماسلىق توغرىسىدا قىلغان مەخسۇس قەسىمىدۇر. بۇنىڭ شەكىل ۋە ھۆكۈملىرى تۆۋەندىكىچە: 1) ئەگەر ئەر ئايالىغا تۆت ئايدىن ئاز بىر مۇددەت ئىچىدە يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، بۇ مۇددەت توشقۇچە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلماي، مۇددەت توشقاندىن كېيىن يېقىنچىلىق قىلسا، ئۇ كىشىگە كەففارەت كەلمەيدۇ ۋە ئايالى بىلەن ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتى ئەسلىگە قايتىدۇ. ناۋادا مۇددەت توشۇپ بولغۇچە يېقىنچىلىق قىلغان بولسا، قەسىمىدە تۇرمىغانلىق ئۈچۈن كەففارەت بېرىدۇ، لېكىن ئەر - خوتۇنلۇقى ئەسلىگە قايتىدۇ. بۇ تەقدىردە ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، چۈنكى ئەرگە تۆت ئاي مۇددەت بېرىلگەن. 2) ئەگەر ئەر كىشى ئايالىغا تۆت ئايدىن ئارتۇق مۇددەت ئىچىدە ياكى مۇددەتسىز يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر ئايال شىكايەت قىلسا، ئۇ ئەرگە تۆت ئاي مۇددەت بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ئەر بۇ تۆت ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئايالىغا قايتسا كەففارەت كەلمەيدۇ ۋە ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتى ئەسلىگە قايتىدۇ. ئەگەر ئەر ئايالىغا تۆت ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قايتمىسا ۋە تۆت ئاي چىقىپ كەتكەن بولسا، مەھكىمە ئەرنى ئايالىغا قايتىشقا بۇيرۇيدۇ، قايتسا كەففارەت تۆلەيدۇ ۋە ئەر - خوتۇنلۇقى ئەسلىگە قايتىدۇ. ئەگەر قايتمىسا ئايال تالاق بولۇپ كېتىدۇ. «ئەگەر قايتسا بىلسۇنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» - ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىق توغرىسىدا مەزكۇر قەسەمنى قىلغانلارغا ئاللاھ ئەنە شۇ چىقىش يولىنى بەرگەن. چۈنكى ئاللاھ، ئۇ قايتقان تەقدىردە ئۇنىڭ قەسەم قىلىش بىلەن ئايالىغا يەتكۈزگەن زىيىنىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەر ھالدا ئايالىغا قايتىشى ئەۋزەلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ عَزَمُوا الطَّلَاقَ فَإِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىش نىيىتىگە كەلسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىش نىيىتىگە كەلسە، ئۇنداق ئەھۋالدا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىشنى نىيەت قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(2-سۈرە بەقەرە، 228-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى تالاق (ئاجرىشىش) ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەقلىرى ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقىوَالْمُطَلَّقَاتُ يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ ثَلَاثَةَ قُرُوءٍ ۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَنْ يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ اللَّهُ فِي أَرْحَامِهِنَّ إِنْ كُنَّ يُؤْمِنَّ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنْ أَرَادُوا إِصْلَاحًا ۚ وَلَهُنَّ مِثْلُ الَّذِي عَلَيْهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيْهِنَّ دَرَجَةٌ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە (باشقىلارغا قارىغاندا) ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بالىياتقۇسىدىكى ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەڭ ھەقلىقتۇر. خوتۇنلىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئېرى بىلەن بىر يەردە بولماستىن ئۈچ قۇرئى ساقلايدۇ[64]. ئۇلارنىڭ، ئۆز بالىياتقۇلىرىدا ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى[65] يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن بولسا ئۇنى يوشۇرمايدۇ. ئەگەر ئەرلىرى يارىشىپ قېلىشنى خالىسا، ئۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارغا قايتىشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر. ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدە ھەقلىرى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلىرى ئۈستىدە مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھەقلىرى بار. لېكىن ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى بىر دەرىجە ئارتۇقتۇر[66]. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
«تالاق قىلىنغان ئاياللار ئېرى بىلەن بىر يەردە بولماستىن ئۈچ قۇرئى ساقلايدۇ» - «تالاق» - ئەرنىڭ نىكاھنى بۇزۇش ئۈچۈن ئېيتقان لەۋزىدۇر. ئەر بۇ لەۋزىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئايالنىڭ ئۇ ئەردىن ئاجرىشىشى باشلانغان بولىدۇ، لېكىن بۇ لەۋز بىلەن ئەر - خوتۇن ئىككىسى دەرھال ئادا - جۇدا بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئايال، ئەر ئۇ لەۋزىنى ئېيتقاندىن باشلاپ ئۈچ قۇرئى (بىر قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاك بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ھەيز كۆرگۈچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى پاكلىق زامانى بىر قۇرئى دەپ ئاتىلىدۇ) مۇددىتى ئۆتۈپ بولغۇچە ئېرىنىڭ ئۆيىدە ساقلايدۇ. بۇ ساقلاش ئادەتتە «ئىددەت تۇتۇش»، ئۇ مۇددەتنىڭ ئاخىرلىشىشى «ئىددەت توشۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئايەت ئادەت كۆرىدىغان ۋە ھامىلىدار بولمىغان ئاياللارنىڭ ئىددەت مۇددىتىنى بەلگىلەيدۇ، چۈنكى باشقا ئاياللارنىڭ ئىددەت مۇددىتىنى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن: 1) نىكاھتىن كېيىن ئېرى بىلەن بىر يەردە بولمايلا تالاق قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىددەت تۇتۇشى كېرەك ئەمەس. 2) ھامىلىدار ئايال تالاق قىلىنسا تۇغۇش بىلەن ئىددىتى توشقان بولىدۇ. 3) ئادەت كۆرمەيدىغان ۋە ئادەت كۆرۈشتىن توختىغان ئاياللارنىڭ ئىددەت مۇددىتى ئۈچ ئايدۇر. 4) ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالنىڭ ئىددەت مۇددىتى تۆت ئاي ئون كۈندۇر. ئاللاھ تائالا ئاياللىرىنى تالاق قىلماقچى بولغانلارنى «ئىددىتىگە لايىق پەيتتە» تالاق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان ئەر ئۇنى ئادەت كۆرۈۋاتقان مەزگىلدىمۇ، بىر يەردە بولغان پاكلىق ئىچىدىمۇ تالاق قىلسا بولمايدۇ، ئەكسىچە ئادەتتىن پاك بولغان ۋە ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولمىغان «پاكلىق ئىچىدە» تالاق قىلسا بولىدۇ، چۈنكى پەقەت مۇشۇنداق «پاكلىق»، يۇقىرىدىكى «ئۈچ قۇرئى (پاكلىق)نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئايال تالاق قىلىنغان ۋاقىتتا «ئىددىتىگە لايىق پەيتتە» بولغان بولىدۇ. بۇ پاكلىقتىن كېيىن ئايال ئىككى قېتىم ئادەت كۆرۈپ، ئىككىنچى قېتىم پاك بولسا (بۇ پاكلىق ئەسلىدە ئۈچىنچى پاكلىقتۇر) ۋە بۇ پاكلىق ئاخىرلىشىپ ئۈچىنچى قېتىم ئادەت كېلىشى بىلەن «ئىددەت توشقان» بولىدۇ. «ئۇلارنىڭ ئۆز بالىياتقۇلىرىدا ئاللاھ ياراتقان نەرسىنى يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن بولسا ئۇنى يوشۇرمايدۇ» - تالاق قىلىنغان ئايال ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە ئېرىنىڭ ئۆيىدە قالىدۇ ۋە ئادەت كۆرگەنلىكى، پاكلانغانلىقى ۋە ھامىلىدار بولۇپ بولمىغانلىقى ھەققىدە ئېرىگە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە بىرەر ئەھۋالنى ئېرىدىن يوشۇرۇشى ھارامدۇر. ئىددەتنى ئەر سانايدۇ ۋە بۇ ئىددەت مۇددىتى توشۇپ بولغۇچە ئايالنى، ئايالنىڭ ئۆز ئۆيىدىن (چۈنكى ئىددەت توشقۇچە ئۇ ئۆي ئايالنىڭمۇ ئۆيى ھېسابلىنىدۇ) چىقىرىۋېتىشى، ئايالنىڭ چىقىپ كېتىشى چەكلىنىدۇ. «ئەگەر ئەرلىرى يارىشىپ قېلىشنى خالىسا ئۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى نىكاھىغا قايتۇرۇشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر» - ئەگەر ئەر ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە ئايالى بىلەن يارىشىپ قېلىشنى ئىرادە قىلسا، تالىقىدىن يېنىپ ئايالىنى نىكاھىغا قايتۇرسا بولىدۇ، لېكىن قىلغان تالىقى زىممىسىگە يېزىلىدۇ. ئەر ئايالىنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان بولسا يېنىۋالالمايدۇ. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. «ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش مەئرۇف بويىچە ھەقلىرى بار. لېكىن ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇقى بار» - يۇقىرىدا بۇ سۈرىنىڭ 221 - ئايىتىدە ئەر - ئايال مۇشرىكلارنىڭ دوزاخقا چاقىرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئايەت نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن چاقىرىلغان تەرەپ ئائىلە بولىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى، ئەر - ئايال مۇئمىنلار سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆز ئائىلىسىنى جەننەتكە چاقىرىشى لازىم. 17 - سۈرە (ئىسرا)نىڭ 34 - ئايىتىدە بالىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە تەربىيىلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دېمەك، ئائىلىنىڭ تەلىم - تەربىيەسىگە ئەر - خوتۇن ئوخشاشلا مەسئۇل. لېكىن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئائىلىنى بېقىش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش ئەرلەرنىڭ ئىشى، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش، ئېمىتىش قاتارلىقلارنىڭ ئاياللارنىڭ ئىشى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تەلىم - تەربىيەگە شارائىت تەييارلاش ۋە مۇناسىۋەتلىك تاشقى ئىشلارنى بېجىرىش ئەرلەرگە، تەلىم - تەربىيەنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىش ئاياللارغا يۈكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 4 - سۈرە (نىسا)نىڭ 19 - ئايىتىدە ئەر - خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئەمر قىلىنىشى ئاياللارنىڭ ئائىلىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىپ بۇ مەزمۇننى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى سىرتتا يوقنى تېپىش ھەلەكچىلىكىدە بولغان ئەر كىشىنىڭ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلمىغان، ئۇنىڭ ئامانىتى بولغان ئۆزىنىڭ، بالىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى رەتكە سالمىغان، ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى ياخشى ساقلىمىغان خوتۇنى ئېرى بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش ئۆتكۈزمىگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئايەتكە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. «مەئرۇف» - شەرىئەت بۇيرۇغان ئىش ياكى شەرىئەتنىڭ ھېچبىر ئەمرىگە خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۆرپ - ئادەت دېگەن بولىدۇ. بۇ يەردىكى «مەئرۇف» ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى ھەقلىرى بىلەن، ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى ھەقلىرى ئوخشاش، لېكىن ئەرلەر ئائىلىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدۇر. ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئارتۇق بولغان بىر دەرىجىسى ئەنە شۇ باشقۇرۇش ھوقۇقىدۇر. ئۇلار بۇ دەرىجىگە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى بەزى جەھەتتىن ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مال چىقىم قىلىشى بىلەن لايىق بولغان. «ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» - ئىززەت، قۇدرەت ۋە سەلتەنەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتنى ئۆز قۇدرىتىگە بويسۇندۇرماقتا ۋە ئۇلارغا ھېكمىتى بىلەن ھۆكۈم قىلماقتىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھەر ئىشى ھەققانىي، ھەر ھۆكمى ئادىل ۋە ھەر قارارى مۇۋاپىقتۇر، جۈملىدىن ئەر - ئايالغا يۈكلىگەن مەجبۇرىيەت ۋە بەرگەن ھەق - ھوقۇقلار ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەبىئىتىگە ماس، كۈچىگە مۇناسىپ ۋە ئىمكانىيىتىگە ئۇيغۇندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 229-ئايەت) تالاق (ئاجرىشىش) ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەقلىرى ئادالەت ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقىالطَّلَاقُ مَرَّتَانِ ۖ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ ۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلَّا أَنْ يَخَافَا أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ ۗ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَعْتَدُوهَا ۚ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
(قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن (زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى (يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەر ـ خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزەڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر ـ ئايال) نىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر ـ خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
(قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىش لازىم، ئەگەر ئەر-خوتۇننىڭ ئاللاھنىڭ ئەر ـ خوتۇنلار ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى بولسا، خوتۇن ئاجرىشىش ئۈچۈن ئەرگە بىر نەرسە بەرسە ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ بەلگىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
يېنىۋالغىلى بولىدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەر ئايالىنى يا ياخشىلىق بىلەن نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى چىرايلىقچە قويۇۋېتىشى لازىم. ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى تويلۇق سۈپىتىدە بەرگەن مال - مۈلكۈڭلاردىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا بىرەر نەرسە قايتۇرۇۋېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. لېكىن ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئېرىگە مال بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزىشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ[67]. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. ئۇلاردىن ئۆتمەڭلار. ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتكەنلەر ھەقىقەتەن زالىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم
«يېنىۋالغىلى بولىدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەر ئايالىنى يا ياخشىلىق بىلەن نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى چىرايلىقچە قويۇۋېتىشى لازىم» - ئالدىنقى ئايەتتە ئايالىنى تالاق قىلغان ئەرنىڭ، ئايال ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنى نىكاھىغا قايتۇرۇشقا (ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قېلىشقا) ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتنىڭ بۇ ئىپادىسى ئەرنىڭ بۇ ھوقۇققا پەقەت ئىككى قېتىملا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا يېنىۋالغىلى بولىدىغان ئىككى قېتىملىق تالاقنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن ئەرنىڭ ئايالنى چىرايلىقچە نىكاھقا قايتۇرۇشى ياكى ئىددەت توشقۇچە چىرايلىقچە ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىشى لازىم، لېكىن ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان تەقدىردە ئۇنى نىكاھىغا قايتۇرۇش ھوقۇقى قالمايدۇ. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى (230 -) ئايەت بۇنى كۆرسىتىدۇ. «ئى ئەرلەر! ئايرىلىپ كېتىش ئەسناسىدا ئاياللىرىڭلارغا ئىلگىرى بەرگەن نەرسەڭلاردىن بىرەر نەرسە قايتۇرۇۋېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال بولمايدۇ» - بۇ ئىپادە نىكاھتىن كېيىن ئەر - خوتۇن بىر يەردە بولۇپ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ تويلۇقنىڭ (مېھرىنىڭ) ھەممىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئەرنىڭ ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى نىكاھتىن كېيىن ئېرى بىلەن بىر يەردە بولمايلا تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ بۇ توغرىدىكى ھەققى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتىكى ھۆكۈملەر تۆۋەندىكىچە: 1) ئەر، ئايالى بىلەن توي قىلىپ بىر يەردە بولغاندىن كېيىن ئۇنى تالاق قىلغان بولسا، پۈتۈشكەن تويلۇقنىڭ ھەممىسىنى بېرىشى لازىم. 2) ئەگەر ئەر ئايالى بىلەن توي قىلىپ بىر يەردە بولۇشتىن ۋە تويلۇق بېكىتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى تالاق قىلغان بولسا، ئايالغا مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بىر نەرسە بېرىشى لازىم. 3) ئەگەر ئەر ئايالى بىلەن توي قىلىپ بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە تويلۇق بېكىتكەندىن كېيىن ئۇنى تالاق قىلغان بولسا، ئايالغا بېكىتىلگەن تويلۇقنىڭ يېرىمىنى بېرىشى لازىم. «لېكىن ئەر - خوتۇن ئىككىسى ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقتىن قورقسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالارغا رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، بۇ ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئېرىگە مال بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇشىدا ھەر ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ». بۇ يەردىكى «مال بېرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى» دېگەن ئىپادە، «ئىفتىدا - افتداء» مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن «ئىفتەدەت - افتدت» پېئىلىنىڭ بېشىدىكى «ما» بىلەن بېرىككەن ھالىتىنىڭ مەنىسىدۇر. «ئىفتىدا» ۋە «فىدا» ئىككى مەسدەر بولۇپ مەنىسى تۆلەم تۆلەپ قۇتقۇزماق دېگەن بولىدۇ. تۆلەنگەن تۆلەم فىديە «فدية» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە «فدي» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ۋە بۇ لۇغەت مەنىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مەنە ئىپادىلىگەن بىرقانچە كەلىمە بار. نىكاھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە بىنائەن، «نىكاھ» بىر - بىرىگە مەھرەم بولمىغان بىر جۈپ ئەر - ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئائىلە قۇرۇش كېلىشىمىدۇر. بۇ كېلىشىمنىڭ بىر تەرىپى بولغان ئەر خالىغان چېغىدا ئۇنى بۇزالايدۇ، ئۇنىڭ بۇ بۇزۇشى «تالاق» دەپ ئاتىلىدۇ. كېلىشىمنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولغان ئايال بولسا، بىرقانچە باسقۇچتىن كېيىن ئۇنى بۇزالايدۇ. ئۇنىڭ بۇ بۇزۇشى «ئىفتىدا» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچلار تۆۋەندىكىچە: نىكاھىنى يەنى ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغان ئايال، (نىكاھ ئىدارىسى، ئائىلە نازارىتى، قازىخانا، سوت مەھكىمىسى دېگەندەك) مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئورگانغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورگان ئەرنىڭ تەرىپىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، ئايالنىڭ تەرىپىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ ئىككى ھەققانىي كىشى ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، نەتىجىنى مەزكۇر ئورگانغا مەلۇم قىلىدۇ. ئاندىن بۇ ئورگان ئۇلار بەرگەن دوكلاتقا قاراپ مۇۋاپىق كۆرسە ئايالغا ئىفتىدا (ئېرىدىن ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئۆزىنى ئۇنىڭ نىكاھىدىن قۇتقۇزۇش) ھوقۇقى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال مۇشۇ باسقۇچتا خالىسا، ئېرى بىلەن ئىككى تەرەپ كېلىشكەن بويىچە ئالغان تويلۇق ۋە ھەدىيەلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئايال تەرەپ بۇنى ئەر تەرەپكە تاپشۇرغان ۋە ئەر تەرەپ تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەزكۇر ئورگان ئۇلارنى ئايرىۋېتىدۇ. «ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر. ئۇلاردىن ئۆتمەڭلار. كىمكى ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتىدىكەن، ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر». ئاللاھنىڭ چېگرالىرى - بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان ھۆكۈملەر، تالاق، تالاقتىن كېيىنكى جەريان، ئەر ئايالغا بەرگەن مېھر ۋە ھەدىيەلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى چەك - چېگرالار بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن سىزىلغان ۋە بەلگىلەنگەن. ئۇلاردىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار، چۈنكى ھالالنىڭ دائىرىسىدىن كېيىن ھارامنىڭ، ياخشىلىقنىڭ دائىرىسىدىن كېيىن يامانلىقنىڭ ۋە چىرايلىقنىڭ دائىرىسىدىن كېيىن سەتنىڭ دائىرىسى باشلىنىدۇ. كىم ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۇ دائىرىلەردىن ئۆتۈپ كەتسە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپى، جازاسى ۋە ئازابىغا لايىق ھالەتكە كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِنْ بَعْدُ حَتَّىٰ تَنْكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ ۗ فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنْ يَتَرَاجَعَا إِنْ ظَنَّا أَنْ يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ ۗ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئەگەر (ئەر) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۈچىنچى قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن) باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ. كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى (يەنى قايتا ياراشقاندىن كېيىن ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىقىنى) تەسەۋۋۇر قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى بىلىدىغان (يەنى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە پەمى يېتىدىغان) قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئەر خوتۇنىنى (ئۈچىنچى قېتىم) يەنە تالاق قىلسا، ئۇ خوتۇن باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ، كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئۇ ئايال ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاپ قايتا ياراشسا، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، ئاللاھ ئۇنى چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر ئەر ئايالىنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا، ئۇ ئايال باشقا ئەرگە تېگىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغىچە ئۇ ئەرگە ھالال بولمايدۇ. ئۇ ئايال باشقا ئەرگە تەگكەن بولۇپ، بۇ ئەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن تەقدىردە، ئاۋۋالقى ئېرى بىلەن ئاللاھنىڭ چېگرالىرىغا رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى ئويلىشىپ قايتا نىكاھلانسا، ھەر ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەر ئايالىنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئىككى قېتىم تالاق قىلغاندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا، بۇ ئەر ئۇ ئايالنى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىمدىكى تالاقتىن كېيىن بولغاندەك نىكاھىغا قايتۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال بۇ ئەرگە بۇ ئۈچىنچى قېتىملىق تالاقتىن كېيىن ھالال بولمايدۇ، لېكىن بۇ ئايال باشقا بىر ئەرگە شەرىئەتتە كۈچگە ئىگە بولىدىغان نىكاھ بىلەن (ئۆي تۇتۇش، ئائىلە قۇرۇش ۋە بالا - چاقىلىق بولۇش نىيىتى بىلەن ئەل - جامائەت ئالدىدا ۋە رەسمىي يوسۇندا توي قىلىپ) تەگكەن بولسا، ئاندىن بۇ ئىككىنچى ئەر ئۆلۈپ كەتكەن ياكى قاملىشالماي قويۇۋەتكەن بولسا، ئاندىن ئۇ ئايال ئۆلۈمنىڭ ياكى تالاقنىڭ ئىددىتىنى توشقۇزغان بولسا، ئاندىن كېيىن ئاۋۋالقى ئېرى بىلەن يەنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلغان كونا ئېرى بىلەن قايتا توي قىلىشنى خالىسا، پەقەت مۇشۇ تەقدىردىلا ئۇ ئىككى كونا ئەر - خوتۇننىڭ قايتا نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولىدۇ. بۇ نىكاھنىڭ شەرتى ھەر ئىككىسىنىڭ بۇ نىكاھنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالىشىغا (يەنى ھەر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا) ئىشەنچ قىلالىشىدۇر. ناۋادا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە قايتا نىكاھلانغان تەقدىردە يەنە كونا يامان ھالەتنىڭ داۋاملىشىشى ۋە بۇرۇنقى ئوسال تۇرمۇشنىڭ قايتىشى ئېغىر باسسا، ئۇلارنىڭ قايتا توي قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ تائالا ئۈچىنچى تالاقتىن كېيىن قايتا نىكاھلانماقچى بولغانلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن قانۇنلار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇ قانۇنلارنى ھەقنى بىلىشنى ۋە ھەقكە ئەمەل قىلىشنى خالىغان كىشىلەرگە ئېنىق بايان قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 231-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ئاللاھنىڭ ئىلمى تالاق (ئاجرىشىش) ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەقلىرى قۇرئاننىڭ ھىدايىتىوَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ ۚ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِتَعْتَدُوا ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ ۚ وَلَا تَتَّخِذُوا آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا ۚ وَاذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمَا أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنَ الْكِتَابِ وَالْحِكْمَةِ يَعِظُكُمْ بِهِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىددىتىنى ئۇزارتىپ زۇلۇم قىلىش نىيىتىدە خوتۇنى بىلەن يارىشىدىكەن)، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە قىلىۋالماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن مەسخىرە قىلماڭلار)، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابنى، ھېكمەتنى (كىتابتىكى ئەھكاملارنى) ياد ئېتىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر خوتۇنلىرىڭلارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، (ئۇلار بىلەن يارىشىپ) ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە-چاقچاق قىلىۋالماڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابىنى، ھېكمىتى(يەنى ئەھكاملىرى) نى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، يا ئۇلارنى مەئرۇف بىلەن نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى مەئرۇف بىلەن قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن نىكاھىڭلاردا تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى، سىلەرگە نازىل قىلغان كىتاب ۋە ھېكمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ بىلەن نەسىھەت قىلماقتىدۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە يېنىۋالغىلى بولىدىغان (ئەرنىڭ تالاق قىلغان ئايالى بىلەن قايتا يارىشىپ قېلىشىغا يول چىقىدىغان) تالاقنىڭ ئىككى قېتىم ئىكەنلىكى، بۇ ئىككى قېتىملىق تالاقنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن ئايالنى چىرايلىقچە نىكاھقا قايتۇرۇش (يارىشىپ قېلىش) ياكى ئىددىتى توشۇپ بولغۇچە ئۇنى چىرايلىقچە ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىش لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۈچىنچى قېتىملىق تالاقتىن كېيىن ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن رەسمىي نىكاھلىنىپ، رەسمىي ئاجراشمىغىچە ئاۋۋالقى ئەرنىڭ ئۇنى قايتا نىكاھىغا ئېلىشىنىڭ ھالال بولمايدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ يېنىۋالغىلى بولىدىغان ئىككى قېتىملىق تالاقنىڭ بىرىنى قىلغان ئەرلەرگە، تالاقتىن كېيىن ئىددىتى توشۇشقا يېقىنلاشقان ئايالى بىلەن يارىشىپ قېلىش ياكى ئۇنى ئىددىتى توشۇپ بولغۇچە ئۆز ھالىغا چىرايلىقچە قويۇۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلگەندىن كېيىن، ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق توغرىسىدا ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئەرلەر! ئايالىڭلارنى بىرىنچى قېتىم ياكى ئىككىنچى قېتىم تالاق قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىددەت مۇددىتى توشۇشقا يېقىنلاشقاندا، تالىقىڭلاردىن يېنىپ ئۇلارنى چىرايلىقچە نىكاھىڭلارغا قايتۇرۇڭلار ياكى ئۇلارنى ئىددىتىنى توشقۇزۇپ سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىشى ئۈچۈن چىرايلىقچە ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىڭلار، شۇنداقلا ئۇلاردىن بۇ شەكىلدە ئايرىلىپ كېتىڭلار. ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا قايتۇرغان چېغىڭلاردا نىيىتىڭلار ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش ۋە ئائىلەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولسۇن، ئۆز ھالىغا قويۇۋەتكەن چېغىڭلاردىمۇ ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاڭلار ۋە ئۇلارنىڭ سىلەردىن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلماڭلار. ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن نىكاھىڭلارغا قايتۇرماڭلار (يارىشىپ قالايلى دەپ ئۇلارنى ئالدىماڭلار). كىم ئۇلار بىلەن ئائىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى يارىشىپ قالايلى دەپ ئەخمەق قىلىدىكەن ئۆزىگە ۋابال قىلغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئالدامچىلىقنىڭ زىيىنىنى ئۆزى تارتىدۇ. ئى ئەرلەر! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئويۇنچۇق قىلىۋالماڭلار. ئاللاھ تائالا ئايەتلەردە بىلىشىڭلار ۋە ئەمەل قىلىشىڭلار ئۈچۈن ھۆكۈملەرنى ناھايىتى ئېنىق بىلدۈرگەن. ھېچبىر ئايەت بىكارغا نازىل بولمىغان. ئەكسىچە ھەق، ھەقىقەت ۋە توغرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولغان. جۈملىدىن ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى مەسخىرە قىلماڭلار، بىكاردىن - بىكار ئايالىڭلارنى تالاق قىلماڭلار، ئايالىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن «يېنىۋالدىم» دېمەڭلار، ئۇلارغا ھېچ بىر شەكىلدە زىيان يەتكۈزمەڭلار، ئايرىلىشىڭلارمۇ، يارىشىپ قېلىشىڭلارمۇ توغرا شەكىلدە بولسۇن. شۇنى ئەسلەڭلاركى: ئاللاھ ئايالىڭلارنى نېمەت سۈپىتىدە سىلەرگە ئاتا قىلغان، ئامانەت سۈپىتىدە سىلەرگە تاپشۇرغان، ئۇلار بىلەن ئاراڭلارغا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورنىتىپ ئۆيلىنىشىڭلارنى نېسىپ قىلغان. ئاللاھ سىلەرگە چۈشۈرگەن ھۆكۈم ۋە قىلغان نەسىھەتلەرنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى: ئاللاھ ھەر يەردە ھازىردۇر، ھەر ئىشقا نازىردۇر ۋە ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 232-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى تالاق (ئاجرىشىش) نىكاھ ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقىوَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعْضُلُوهُنَّ أَنْ يَنْكِحْنَ أَزْوَاجَهُنَّ إِذَا تَرَاضَوْا بَيْنَهُمْ بِالْمَعْرُوفِ ۗ ذَٰلِكَ يُوعَظُ بِهِ مَنْ كَانَ مِنْكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۗ ذَٰلِكُمْ أَزْكَىٰ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە (بۇرۇنقى) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئىچىڭلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىنى تۇتۇش)، سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر، (شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سىلەرگە نېمىلەر ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەر تالاق قىلىپ ئىددىتى توشۇپ بولغان ئاياللار بولغۇسى ئېرى بىلەن قائىدە بويىچە پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاراڭلاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ نەسىھەت سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكلىق ئېلىپ كەلگۈچىدۇر. بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزۇپ، تەگمەكچى بولغان ئەرلىرى بىلەن ئۆزئارا مەئرۇف[68] بويىچە كېلىشكەن بولسا، ئۇلارنى ئۇ ئەرلەرگە تېگىشتىن توسماڭلار. بۇ سىلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتۇر. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
تالاق قىلىنغان ۋە ئىددىتى توشۇپ بولغان ئاياللار بولغۇسى ئەرلىرى بىلەن نىكاھلىنىش توغرىسىدا ئۆزئارا مەئرۇف بويىچە (ھەر ئىككى تەرەپ ئائىلە قۇرۇش، ئۆي تۇتۇش ۋە ئائىلە ھاياتى ياشاش ئۈچۈن) پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى كونا ئەرلىرىنىڭمۇ، ۋەلىيلىرىنىڭمۇ بۇ نىكاھتىن توسۇش ھوقۇقى يوق. مەسىلەن: بىرىنچى قېتىم ياكى ئىككىنچى قېتىم تالاق قىلىنغان ۋە ئىددىتى توشۇپ ئېرىنىڭ تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەن بىر ئايال، ئۇ كونا ئېرى بىلەن قايتا نىكاھلىنىش ھەققىدە ياكى باشقا بىر ئەر بىلەن يېڭىدىن نىكاھلىنىش ھەققىدە ئۆزئارا مەئرۇف بويىچە پۈتۈشكەن بولسا، بۇ ئايالنىڭ ۋەلىيلىرى ئۇنى بۇ نىكاھتىن مەنئى قىلسا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئەگەر ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلىشقا ئۆزئارا مەئرۇف بويىچە پۈتۈشكەن بولسا، كونا ئېرى ئۇنى بۇ نىكاھتىن مەنئى قىلسا بولمايدۇ. بۇ نەسىھەتكە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر قۇلاق سالىدۇ. تالاق قىلىنىپ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق بىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا پۈتۈشكەن ئايالنى بۇ نىكاھتىن مەنئى قىلماسلىقىڭلار، جەمئىيەتتە توغرا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە شۈبھىلىك مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى يامان گۇمانلىنىش ۋە ئورۇنسىز شەكلىنىشتىن ساقلايدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە سىرلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 233-ئايەت) ئاتا-ئانا تەربىيەسى ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەقلىرى كېڭەش ئادالەت ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقىوَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَنْ يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ ۚ وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ لَا تُكَلَّفُ نَفْسٌ إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَا تُضَارَّ وَالِدَةٌ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوْلُودٌ لَهُ بِوَلَدِهِ ۚ وَعَلَى الْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ ۗ فَإِنْ أَرَادَا فِصَالًا عَنْ تَرَاضٍ مِنْهُمَا وَتَشَاوُرٍ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا ۗ وَإِنْ أَرَدْتُمْ أَنْ تَسْتَرْضِعُوا أَوْلَادَكُمْ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِذَا سَلَّمْتُمْ مَا آتَيْتُمْ بِالْمَعْرُوفِ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنى بالىسى سەۋەپلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا ـ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، ساق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى شەرىئەت بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك، كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا ـ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) سۈتتىن ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئۇلارغا مەئرۇف بويىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بېرىشى كېرەك. ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن. مىراسچىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئاتا - ئانا ئۆز - ئارا كېڭىشىپ ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن بالىنى ئىككى يىل توشماستىن ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، ئۇ ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوق. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، بېرىدىغىنىڭلارنى مەئرۇف بويىچە تاپشۇرساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
تالاق قىلغان ئەر بىلەن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئېمىدىغان بوۋاق بالىسى بولۇپ، ئىككىسى بالىنى تولۇق ئېمىتمەكچى بولغان تەقدىردە، بالىنى ئايال (ئۆز ئانىسى) تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ، ئەر (بالىنىڭ ئاتىسى) مۇۋاپىق ھالدا ئايالنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى بېرىدۇ، چۈنكى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ تاقىتى يېتىدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىنى بىر - بىرىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشى ھالال بولمايدۇ. ناۋادا بالىنىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئانىنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى ئۇنىڭ (ئاتىنىڭ) ۋارىسى بېرىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆزئارا رازىلىشىپ ۋە كېڭىشىپ ئىككى يىل توشماستىن بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىماقچى بولسا ۋە ئايرىسا ھېچ ۋەقەسى يوق، چۈنكى بالىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاتا - ئانىسى ئەڭ ئوبدان ئويلايدۇ. ئەگەر بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى (تالاق قىلغان ئەر ۋە تالاق قىلىنغان ئايال) بالىنى باشقا بىر ئايالغا (ئىنىكئانىغا) ئېمىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقان بولسا، بالىنىڭ ئاتىسى ئىنىكئانىنىڭ ھەققىنى مۇۋاپىق ھالدا تاپشۇرغان تەقدىردە، بۇ ئىشتا بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى بولغان ئۇ ئىككىسىگە بىرەر گۇناھ بولمايدۇ. ئى ئاتا - ئانىلار! ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى: ئاللاھ قىلىمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 234-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى تالاق (ئاجرىشىش) ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەقلىرى ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقىوَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنْكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا يَتَرَبَّصْنَ بِأَنْفُسِهِنَّ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَعَشْرًا ۖ فَإِذَا بَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا فَعَلْنَ فِي أَنْفُسِهِنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاراڭلاردا ئېرى ۋاپات بولۇپ كېتىپ تۇل قالغان خوتۇنلار بولسا، ئۇلار تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم. ئۇ ئاياللار ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە (يەنى شۇ ئاياللارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارغا) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئارقىسىدا قويغان ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئۇلار ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق مەئرۇف بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت ئېرى ۋاپات بولغان ئاياللارنىڭ ئىچىدىن ھامىلىدار ئەمەسلىرىنىڭ ئىددەت مۇددىتىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى تالاق قىلىنغان بولسۇن ياكى ئېرى ئۆلۈپ قالغان بولسۇن ھامىلىدار ئايالنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغۇش بىلەن توشىدۇ. ئېرى ۋاپات بولغان ئاياللار تۆت ئاي ئون كۈنلۈك ئىددىتى توشۇپ بولغاندىن كېيىن، شەرىئەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە ياسىنىپ سىرتلارغا چىقسا ۋە ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر كىشى بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن پۈتۈشسە گۇناھكار بولمايدۇ، بۇ تەقدىردە ئۇ ئاياللارنىڭ ۋەلىيلىرىگىمۇ ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تولۇق بىلىدۇ، شۇنداقلا سىلەردىن ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، شۇڭلاشقا دىققەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُمْ بِهِ مِنْ خِطْبَةِ النِّسَاءِ أَوْ أَكْنَنْتُمْ فِي أَنْفُسِكُمْ ۚ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَٰكِنْ لَا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّا أَنْ تَقُولُوا قَوْلًا مَعْرُوفًا ۚ وَلَا تَعْزِمُوا عُقْدَةَ النِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي أَنْفُسِكُمْ فَاحْذَرُوهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار ئاللاھقا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار؛ بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار ئاللاھقا مەلۇمدۇر، لېكىن، ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاياللارغا ئۆيلىنىش تەكلىپىنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار، ياكى ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىش نىيىتىڭلارنى ئىچىڭلاردا ساقلىساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنى زىكىر قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلدى. ئۇلار بىلەن يوشۇرۇنچە ۋەدىلەشمەڭلار، لېكىن ئۇلارغا مەئرۇفقا ئۇيغۇن گەپ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشماستىن نىكاھ توختامىنى تۈزۈشكە بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىچىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ئۆلۈمنىڭ ياكى ئۈچىنچى قېتىملىق تالاقنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇۋاتقان ئايالغا: «مەن بويتاق، ياخشى لايىق چىقىپ قالسا ئۆيلىنىش نىيىتىم بار، يالغۇزلۇق تەسكەن، ئۆزلىرىمۇ يالغۇز قالدىلا، ئىددەتلىرى توشسا مۇۋاپىق بىرى چىقىپ قالسا توي قىلالا...» دېگەندەك دارىتما سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆيلىنىش تەكلىپىنى پۇرىتىپ ئۆتۈشكە ياكى ئىددىتى توشقاندا ئۇ ئايال بىلەن ئۆيلىنىش نىيىتىنى كۆڭۈلگە پۈكۈشكە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆيلىنىش ئۈچۈن ئۇ ئايال بىلەن مەخپىي ۋەدىلىشىشكە، توي قىلىش تەكلىپىنى ئوچۇق ئېيتىشقا ۋە توي قىلىش ئۈچۈن پۈتۈشۈشكە بولمايدىغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلىدۇ. ئەمما بىرىنچى ياكى ئىككىنچى قېتىملىق تالاقنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى پۇرىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئايال ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزگىلدە تالاق قىلغان ئېرىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 236-ئايەت) سېخىيلىق تالاق (ئاجرىشىش) ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەقلىرى ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقىلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى الْمُوسِعِ قَدَرُهُ وَعَلَى الْمُقْتِرِ قَدَرُهُ مَتَاعًا بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُحْسِنِينَ
ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (بەلگىلىك مىقداردا پۇل ـ مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا پۇل - مال بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەر خوتۇنلىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، (لېكىن) ئۇلارغا بەلگىلىك مىقداردا پۇل ـ مال بېرىڭلار كېرەك، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، بۇ ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
نىكاھىڭلارغا ئېلىپ تېخى بىر يەردە بولمىغان، تويلۇقىنىمۇ بەلگىلىمىگەن ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا تويلۇق بېرىش مەجبۇرىيىتىڭلار يوق. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا پايدىلانغۇدەك نەرسە بېرىڭلار. بۇنى قولى ئۇزۇن بولغانلارمۇ ھالىغا يارىشا، قولى قىسقا بولغانلارمۇ ھالىغا يارىشا مەئرۇفقا ئۇيغۇن شەكىلدە بەرسۇن. بۇ ياخشىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ھەقتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئەرلەر! ئەگەر ئاياللىرىڭلارنى بىر يەردە بولماستىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن تويلۇق (مېھر) بەلگىلىمەستىن تالاق قىلساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇ شەكىلدە تالاق قىلغان ئاياللىرىڭلارغا كۆڭلىنى ياساش ۋە قايغۇسىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن پايدىلانغۇدەك ھەدىيە بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ ھەدىيەنى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قارىتا بېرىشى لازىم؛ بايمۇ ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ھالىغا يارىشا بېرىشى كېرەك. ئۇ ئاياللارغا بۇ ھەدىيەنى بېرىش، ئادەمگەرچىلىك قىلىشنى بىلىدىغان ۋە مەرھەمەت تۇيغۇسىنى يوقاتمىغان خەيرخاھ كىشىلەرنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر. ئى ئەرلەر! شۇڭلاشقا، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ «ياخشى ئىش قىلغۇچى»لىق سۈپىتىڭلارنى ساقلاپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارغا مەزكۇر ھەدىيەنى بېرىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّا أَنْ يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَ الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ ۚ وَأَنْ تَعْفُوا أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۚ وَلَا تَنْسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆزىگە تېگىشلىكىنى ئەرگە ئۆتۈنسە ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆزىگە تېگىشلىكىنى خوتۇنىغا ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، سىلەر ئۆتۈنگىنىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
نىكاھىڭلارغا ئېلىپ تېخى بىر يەردە بولمىغان، لېكىن تويلۇقىنى بەلگىلەپ بولغان ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا بەلگىلىگەن تويلۇقۇڭلارنىڭ يېرىمىنى بېرىشىڭلار كېرەك. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەققى بولغان ئۇ يېرىم تويلۇقنى ياكى ئۇنىڭ بىر مىقدارىنى ئالمىسىمۇ ياكى ئەر ئۇنىڭغا تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق بەرسىمۇ بولىدۇ. ئى ئەرلەر! سىلەرنىڭ ئۇلارغا تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق بېرىشىڭلار تەقۋالىققا تېخىمۇ يېقىندۇر. بىر - بىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئەرلەر! ئاياللىرىڭلارنى بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى، تويلۇقىنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا بەلگىلەنگەن تويلۇقنىڭ يېرىمىنى بېرىشىڭلار كېرەك، لېكىن ئۇلار مەردلىك قىلىپ يېرىم تويلۇقنىڭ بىر مىقدارىنى سىلەرگە بېرىۋەتسە يېرىمدىن ئازراقىنى بەرسەڭلارمۇ ياكى ھەممىنى «ئالمايمەن» دەپ سىلەرگە ئۆتۈنسە بىر نەرسە بەرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك، نىكاھنىڭ تۈگۈنى قولىدا بولغانلارنىڭ يەنى سىلەر ئەرلەرنىڭ مەردلىك قىلىپ تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ياكى ھەممىسىنى بېرىۋېتىشىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، چۈنكى بۇ ئىشتا ھەر تەرەپنىڭ مەردلىك قىلىشى ياخشى ئىش، پەزىلەتلىك ھەرىكەت ۋە ئالىيجانابلىقتۇر. شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ ئەرلىك سۈپىتىڭلارغا مەردلىك قىلىشىڭلار يارىشىدۇ. بىر - بىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە خەير - ئېھسان قىلىش پەزىلەتتۇر. ئاللاھ دىلىڭلاردىكى سىرلىرىڭلارنى، تىلىڭلاردىكى سۆزلىرىڭلارنى ۋە پۇت - قول ئەزالىرىڭلاردىكى ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
حَافِظُوا عَلَى الصَّلَوَاتِ وَالصَّلَاةِ الْوُسْطَىٰ وَقُومُوا لِلَّهِ قَانِتِينَ
(بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار). ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر نامازلارغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرىدىكى نامازغا(يەنى ناماز دىگەرگە) ئەھمىيەت بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرى (يەنى ناماز) دا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى[69] مۇھاپىزەت قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە «نامازلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «سەلەۋات - صلوات» بولۇپ، بۇ كەلىمە «سەلات - صلاة»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. ئەرەبچىدە كۆپلۈك شەكىل (جەمئى) ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداقتا، ئايەتتىكى «سەلەۋات»نىڭ مەنىسى ئەڭ ئاز «ئۈچ ناماز» دېگەن بولىدۇ. ئايەتتە بۇ «نامازلار» بىلەن بىرلىكتە «ئوتتۇرا ناماز» دەپ ئاتىلىدىغان ئايرىم بىر ناماز ئەمر قىلىنماقتىدۇر. ئۈچتىن كېيىن ئوتتۇرىسى بولغان تۇنجى سان بەشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت بىر كېچە - كۈندۈزدە ئەڭ ئاز بەش قېتىم ناماز ئۆتەشنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇ «سەلەۋات» دېگەن كەلىمە، كۆپلۈكنىڭ ئەڭ ئاز تەرىپى بولغان ئۈچنى ئىپادىلىسە، بۇ تەقدىردە ئۇ «سەلەۋات - نامازلار»، «سالاتى ۋۇستا - ئوتتۇرا ناماز» بىلەن بىرلىكتە تۆت ۋاقىت ناماز بولىدۇ. تۆتنىڭ ئوتتۇرىسى يوقتۇر. بۇ تەقدىردە «سالاتى ۋۇستا - ئوتتۇرا ناماز»، «سەلەۋات - نامازلار»غا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا»لىق ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «سەلەۋات - نامازلار» دېگەن كۆپلۈك كەلىمە ئۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى بولغان تۆتنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمىنىڭ، ئۆز مەنىلىرىدىن بولغان باشقا مەنىلەرنى (مەسىلەن: 5، 6، 7 لەرنى) ئىپادىلىشىگە، بەش ۋاقىت ناماز بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر توسالغۇ بولىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغاندا يەنى «سەلەۋات - نامازلار» دېگەن كۆپلۈك كەلىمە تۆتنى ئىپادىلىگەندە، «سالاتى ۋۇستا - ئوتتۇرا ناماز»، ئۇ «سەلەۋات - نامازلار»غا قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «ئوتتۇرا»لىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ تەقدىردە بۇ نامازلار توپلام «بەش ناماز» بولىدۇ. بەشنىڭ ئوتتۇرىسى بولىدۇ: (11111). ئايەتتىكى «ھافىزۇ - مۇھاپىزەت قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق بولسا، ئۇ «بەش ناماز»نى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكئەت سانلىرىغىمۇ دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇقىم بولسۇن مۇساپىر بولسۇن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى «نامازلارنى ۋە ئوتتۇرا نامازنى» مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ «ئوتتۇرا ناماز» سەپەردە قورقۇش بولمىغاندا «نامازلار»ىنى 2 رەكەتتىن ئۆتىگەن مۇساپىرلار ئۈچۈنمۇ، «نامازلار»ىنى مۇقىملىقتا تولۇق ئۆتەۋاتقان مۇقىملار ئۈچۈنمۇ «ئوتتۇرا ناماز» بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا بەش ۋاقىت نامازنىڭ ئىچىدە سەپەردىمۇ، مۇقىملىقتىمۇ 3 رەكەتلىك بىر نامازنىڭ بولۇشى، مۇقىملىقتا بىر نامازنىڭ ئىككى رەكەتلىك، ئۈچ نامازنىڭ تۆت رەكەتلىك بولۇشى كېرەك، چۈنكى 3، ئىككى دانە 2 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (2 3 2)، ئىككى دانە 4 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (4 3 4)، بىر دانە 2 بىلەن بىر دانە 4 نىڭمۇ ئوتتۇرىسىدۇر (2 3 4). بامداتنىڭ 2 رەكئەتلىك، نامازشامنىڭ 3 رەكئەتلىك، پېشىن، نامازدىگەر ۋە خۇپتەننىڭ 4 رەكئەتلىك ناماز بولۇشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 5 ۋاقىت نامازنى بۇ شەكىلدە ئۆتىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دېمەككى، مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە بەش ۋاقىت نامازنىڭ رەكئەت سانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. رەكئەت سانى ئېتىبارى بىلەن «ئوتتۇرا ناماز» بولغان 3 رەكئەتلىك نامازنىڭ ئورنى ئېتىبارى بىلەنمۇ «ئوتتۇرا ناماز» بولۇشى لازىم. 11 - سۈرە (ھۇد)نىڭ 114 - ۋە 17 - سۈرە (ئىسرا)نىڭ 78 - ئايەتلىرىدە تۇنجى نامازنىڭ پېشىن، ئاخىرقى نامازنىڭ بامدات ئىكەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى نامازشامنىڭ «ئوتتۇرا ناماز» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ، چۈنكى نامازشام ئۈچ رەكەتلىك ناماز بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئىككى ۋاخ ناماز، ئۆزىدىن كېيىن ئىككى ۋاخ ناماز بولغان نامازدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ خِفْتُمْ فَرِجَالًا أَوْ رُكْبَانًا ۖ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار). ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، ئاللاھ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمر قىلغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار) — مۇھەممەد سالىھ
قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، سىلەر نامازنى پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كېتىپ بېرىپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ. ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا، ناماز ئوقۇشنى بىلمەيدىغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنىڭ سىلەرگە تەلىم بەرگىنى بويىچە ئوقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر قورقۇنچ ئىچىدە بولساڭلار، نامىزىڭلارنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ ئۈستىدە كېتىۋېتىپ ئوقۇڭلار. بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن چېغىڭلاردا بولسا، ئاللاھنى سىلەرگە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگەتكىنى بويىچە زىكىر قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتىكى «ئەگەر قورقساڭلار» دېگەن ئىپادىدىكى قورقۇش ئومۇمىي بولۇپ بارلىق قورقۇنچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى «خىفتۇم - خِفْتُمْ» پېئىلنىڭ تولدۇرغۇچىسى (مەفئۇلى)نىڭ زىكىر قىلىنماسلىقى بۇنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە دۈشمەن، يىرتقۇچ ھايۋان، سۇ ئاپىتى، يەر تەۋرەش، يولدا ھەمراھلاردىن ئايرىلىپ قىلىش، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ توختىماسلىقى ياكى چوڭ يولغا كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى باشقۇرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتالماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ بىرىدىن قورققان ۋە نامىزىنى كېچىكتۈرگەن تەقدىردە ۋاقتى چىقىپ كېتىشدىن ئەنسىرىگەن كىشى نامىزىنى پىيادە مېڭىۋېتىپ ياكى ئۇلاغ (تۆگە، ئات، قېچىر، ئېشەك ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك قاتناش ۋاسىتىلىرى) ئۈستىدە كېتىۋېتىپ، ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئۆتىسە بولىدۇ، چۈنكى «ناماز مۇئمىنلارغا ۋاقىتلىرى بەلگىلىنىپ پەرز قىلىنغان ۋەزىپىدۇر». ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»، ھەر كىشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىشقا بۇيريدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ نامازنى ۋاقتىنى بەلگىلەپ پەرز قىلىشى ۋە ھەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتەش ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىشى، ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنلىرىدىكى مۇكەممەللىكنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 240-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەقلىرى ۋەسىيەت ئاياللارنىڭ مالىيە ۋە نىكاھ ھوقۇقىوَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنْكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا وَصِيَّةً لِأَزْوَاجِهِمْ مَتَاعًا إِلَى الْحَوْلِ غَيْرَ إِخْرَاجٍ ۚ فَإِنْ خَرَجْنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِي مَا فَعَلْنَ فِي أَنْفُسِهِنَّ مِنْ مَعْرُوفٍ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالىدىغانلار ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنىڭ) بىر يىلغىچە يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر (ئاياللىرى) ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاراڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ خوتۇنى قېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلار خوتۇنىنىڭ بىر يىلغىچە يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئۆزى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئشلىرى ئۈچۈن سىلەر (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرى) گە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئارقىسىدا قويغان ئاياللىرى ئۈچۈن سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەي بىر يىلغىچە تۇرمۇشىنى قامداشتۇر. ئەگەر ئۇ ئاياللار چىقىپ ئۆزلىرى توغرۇلۇق مەئرۇف ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئايالى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇ كىشىنىڭ ۋارىسلىرىغا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇ ۋەزىپە تۆۋەندىكىچە: مېيىتنىڭ ۋارىسلىرى ئۇ ئايالغا بىر يىلغىچە ئېرىنىڭ ئۆيىدە قېلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىشى كېرەك، يەنى ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن بىللە ياشىغان ئۆيىدە بىر يىلغىچە ئولتۇرۇشىغا رۇخسەت بېرىشى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە باشقا بارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئۇلارنىڭ تەمىنلىشى لازىم. ئۇ ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈنلۈك ئىددىتى مۇشۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئايال ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتسە ۋە نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرەر كىشى بىلەن پۈتۈشسە مەزكۇر ۋارىسلارغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ۋاپات بولغان كىشىلەرنىڭ ۋارىسلىرى! ئاللاھ سىلەرگە مۇنۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرىدۇ: ئېرى ۋاپات بولغان ئاياللارنىڭ، ئەرلىرى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ئۆيلىرىدە بىر يىل توشقۇچە ئولتۇرۇش ھەققى بار. بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ بارلىق چىقىملىرى سىلەرگە ئائىتتۇر. ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋېتىش ھوقۇقى يوق، لېكىن ئۇ ئاياللار ئىددىتى توشقاندىن كېيىن بىر يىل توشقۇچە ئۆز ئىختىيارى بىلەن چىقىپ كېتىپ، توي قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق بىرى بىلەن پۈتۈشسە، سىلەر گۇناھكار بولمايسىلەر. ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىتائەتسىزلىك قىلغانلارنى جازالايدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر. يەنە شۇنىمۇ بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى بۇيرۇغان ئىشلاردا سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار بار، چەكلىگەن ئىشلاردا سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار بار. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىل بويسۇنۇشلار كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِلْمُطَلَّقَاتِ مَتَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُتَّقِينَ
تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. (ئۇ) تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. بۇ تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
تالاق قىلىنغان ئاياللارنىڭ مەئرۇفقا ئۇيغۇن نەپىقە ھەققى بار. بۇ تەقۋادارلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ھەقتۇر. — ئەنەس ئالىم
بىر يەردە بولماستىن ۋە تويلۇق (مېھر) بەلگىلىمەستىن تالاق قىلىنغان ئاياللارغا، تالاق قىلغان ئەرلىرىنىڭ پايدىلىنىدىغان نەرسە (مۇئەييەن مىقداردا پۇل - مال) بېرىشى لازىملىقى يۇقىرىدا (236 - ئايەتتە) زىكىر قىلىندى. بۇ ئايەتتە، تالاق قىلىنغان بارلىق ئاياللارغا تەقۋادار ئەرلىرىنىڭ پايدىلىنىدىغان نەرسە بىرىشىنىڭ بۇرچ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ، تويلۇقتىن باشقا نەرسىدۇر، چۈنكى ئايال كىشى تويلۇققا ئېرى بىلەن بىر يەردە بولۇش ئارقىلىق ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتىكى «نەرسە» - تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ كۆڭلىنى ياساش، ئىچ پۇشۇقىنى پەسەيتىش ۋە ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، تالاق قىلغان ئېرى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان مۇئەييەن مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مال - مۈلۈكنىڭ مىقدارىنى، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار شەرئى قانۇن بىلەن ياكى يۇرت ئاقساقاللىرى ئۆرپ - ئادەت بىلەن بەلگىلەيدۇ. بولۇپمۇ توي قىلغىلى بىرقانچە يىل بولغان ئەر - خوتۇن ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا، ئەرنىڭ ئايالغا ئۆزى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، قىلغان ئەجرى ۋە سىڭدۈرگەن مېھنىتىنى بىر شەكىلدە قايتۇرۇشى لازىم. بۇ بىر ھەق بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقۇشتىن ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن قورقىدىغان، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن تەپ تارتىدىغان، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمىنىدىغان كىشىلەر (تەقۋادارلار) ئادا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (ئۆز ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ (ئىزاھات: بۇ ئايەتتە بەنى ئىسرائىلدىن بىر قەۋمنىڭ قىسسەسى بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبىرى ئۇلارنى دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇلار ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان، ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلگەن، ئاندىن پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسى بىلەن تىرىلگەن.) — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ نىكاھ، تالاق، ئىددەت، تويلۇق ۋە بالىنى ئېمىتىش ھەققىدىكى ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن بايان قىلغاندەك، باشقا ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىنىمۇ سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ چۈشەنگەيسىلەر ۋە ئەمەل قىلغايسىلەر، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشكەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ خَرَجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَهُمْ أُلُوفٌ حَذَرَ الْمَوْتِ فَقَالَ لَهُمُ اللَّهُ مُوتُوا ثُمَّ أَحْيَاهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى (ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزلىرى مىڭلىغان (ئادەم) تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟*[1] ئاللاھ ئۇلارغا «ئۆلۈڭلار» دېدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن چىقىپ كەتكەن شۇ مىڭلىغان كىشلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارغا: «ئۆلۈڭلار!» دېدى، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىدىن بىرى مۇسۇلمانلارنى، «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش»قا تەييارلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. جۈملىدىن بۇ ئايەتتە، «سانى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، يۇرتلىرىدا (ۋەتىنىدە) تۇرۇپ ئۆزلىرىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىنى تەرك ئەتكەن، لېكىن يەنىلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمىغان، كېيىن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قايتا تىرىلگەن ۋە قىلمىشلىرىنىڭ خاتالىقى ئۆزلىرىگە بىلدۈرۈلگەن بىر قەۋمنىڭ قىسسەسى» بايان قىلىنىش بىلەن ئۆلۈمدىن قېچىشنىڭ پايدا بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ، شۇنداقلا مۇئمىنلار ئۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنىڭ كېلىشى ۋە كېيىنكى ئايەتلەردە ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر قىسسەنىڭ بايان قىلىنىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئايەتتە ئىشارەت قىلىنغان مەسىلە (ئۆلۈمدىن قېچىشنىڭ پايدا بەرمەيدىغانلىقى) باشقا بىر ئايەتتە ئوچۇقچە بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتتە ئۇ ۋەقەنىڭ قايسى زاماندا، قايسى پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە ۋە قەيەردە بولغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلمەسلىكى، قىسسەنى بايان قىلىشتىن، ئۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى مەقسەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ قىسسەدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەت قورقۇشنىڭ ئۆلۈمگە پايدا بەرمەيدىغانلىقى، ئۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە مۇداپىئە قىلىشنىڭ لازىملىقىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۆلۈمدىن قېچىشنىڭ پايدا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار، ئاللاھنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ، نىيىتىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىڭلار، شۇنداقلا نىيىتىڭلارنى دۇرۇسلاڭلار، ئۇرۇش قىلىشتىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەڭلار ۋە شۇنى بىلىڭلاركى، قورقۇنچاقلىق قىلىش ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۇرۇشقا قاتناشماسلىق سىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزمايدۇ. ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتىنى تەرك ئەتكەنلەرگە ئۆلۈمدىن قورقۇشنىڭ پايدىسى بولمىغاندەك، سىلەرگىمۇ ئۆلۈمدىن قورقۇشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ أَضْعَافًا كَثِيرَةً ۚ وَاللَّهُ يَقْبِضُ وَيَبْسُطُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگۈچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا كەڭ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىغان كىم بار؟ ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ ئازمۇ بېرىدۇ، كۆپمۇ بېرىدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش جان تىكىشنى تەلەپ قىلغاندەك، مال چىقىم قىلىشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئايەتتە «مال بىلەن ۋە جان بىلەن جىھاد» بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ يولىدا مال بەرگەنلىك «ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىك» ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ ئالدىنقى ئايەتتە ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىشقا ئەمر قىلىنىدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتتە ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىشقا تەرغىب قىلىنىدۇ. «ئاللاھ تار قىلىدۇ ۋە كەڭ قىلىدۇ» - يەنى ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، ھەر نەرسىنىڭ خەزىنىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، ھەر نەرسىنى باشقۇرۇش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. ئاللاھ يولىدا پۇل - مال بېرىش مالنى زايە قىلغانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھقا ئامانەت قىلغانلىقتۇر؛ پۇل - مېلىنى ئاللاھقا ئامانەت قىلغان كىشى قىيامەت كۈنى ئۇنى مۇكەممەل، تولۇق ۋە ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن ھالەتتە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، چۈنكى قىيامەت كۈنى ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توپلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ تَرَ إِلَى الْمَلَإِ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَىٰ إِذْ قَالُوا لِنَبِيٍّ لَهُمُ ابْعَثْ لَنَا مَلِكًا نُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ أَلَّا تُقَاتِلُوا ۖ قَالُوا وَمَا لَنَا أَلَّا نُقَاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِنْ دِيَارِنَا وَأَبْنَائِنَا ۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ تَوَلَّوْا إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
ساڭا مۇسا (نىڭ ۋاپاتى) دىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان بىر جامائەنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشتى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا مۇسا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ياشىغان ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە؛ «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا، جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا ئۇرۇش قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى جىھاد قىلىشتىن باش تارتتى. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسادىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كاتتىلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەبىيىسىگە: «بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلايلى!» دېگەن ئىدى. ئۇ نەبىي ئۇلارغا: «سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىنسا، ئۇرۇش قىلمىساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئاللاھ يولىدا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايلى؟ بىز يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، بالا - چاقىلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن تۇرساق!» دېدى. لېكىن ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغان ئىدى، ئازغىنىسىدىن باشقىسى يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
باشتا (243 - ئايەتنىڭ تەسىرىدە) دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، قىسسە بايان قىلىشتىكى مەقسەت ئىبرەت ئېلىشتۇر. ئىبرەت، ۋەقەنىڭ تارىخى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدا ئەمەس، ئەكسىچە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىسسەدە پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ كىملىكى ۋە ھادىسىنىڭ تارىخى زىكىر قىلىنمىغان. قىسسەنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرۋىدە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئايرىم ھۆكۈمدار يوق ئىدى، چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سىياسىي رەھبىرى ئىدى، لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بەنى ئىسرائىل زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا، ئۇلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى شۇ زاماندىكى پەيغەمبىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزلىرىگە بىر پادىشاھ تەيىنلىشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ شۇ پادىشاھنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇرۇش قىلىپ ۋەتىنىنى ئىشغالدىن، بالا - چاقىلىرىنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىنسا ئۇرۇش قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دەپ ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن، ئۇلار: «بىز يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالا - چاقىلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلمايلى؟» دەپ ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلاردىن بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ تالۇت ئىسىملىك بىر كىشىنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇلار تالۇتنىڭ پېقىر ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىنىشىگە ئېتىراز قىلغان. پەيغەمبىرى ئۇلارغا ئاللاھتىن ئالغان ۋەھىي بويىچە، پادىشاھلىققا تالۇتنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنىڭ دەلىلىنى (ساندۇقنىڭ كېلىش مۆجىزىسىنى) كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلغان. ئاندىن تالۇت قوشۇن باشلاپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغان. يولدا ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتەلمەي قېلىپ قالغانلار بولغان، لېكىن تالۇت ئاز بىر ئوچۇم سۇباتلىق مۇئمىن بىلەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغان. تالۇتنىڭ قوشۇنى ئىچىدىكى داۋۇد (تېخى پەيغەمبەر بولمىغان داۋۇد ئەلەيھىسسالام)، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ قوماندانى جالۇتنى ئۆلتۈرگەن، نەتىجىدە جەڭ مۇئمىنلارنىڭ زەپىرى بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ (246 -) ئايەتتىن باشلاپ 251 - ئايەتكىچە ئەنە شۇ قىسسە بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ اللَّهَ قَدْ بَعَثَ لَكُمْ طَالُوتَ مَلِكًا ۚ قَالُوا أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ الْمُلْكُ عَلَيْنَا وَنَحْنُ أَحَقُّ بِالْمُلْكِ مِنْهُ وَلَمْ يُؤْتَ سَعَةً مِنَ الْمَالِ ۚ قَالَ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاهُ عَلَيْكُمْ وَزَادَهُ بَسْطَةً فِي الْعِلْمِ وَالْجِسْمِ ۖ وَاللَّهُ يُؤْتِي مُلْكَهُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار (پەيغەمبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ): «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ؟ (ئارىمىزدا پادىشاھ ئەۋلادلىرى بولغانلىقتىن) پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى كۆپ بولمىسا» دېدى. پەيغەمبەر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى بەستىلىك قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
پەيغەمبىرى ئۇلارغا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار: «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالايدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن بەكرەك ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى كۆپ بولمىسا» دېدى. پەيغەمبەر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھ قىلىشقا) ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ بىلىمى مول، قامەتلىك قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. ئاللاھ پەزلى كەڭ، ھەممىنى ئوبدان بىلىدىغان زاتتۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
نەبىيىسى ئۇلارغا: «ئاللاھ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئۇ بىزگە قانداقمۇ پادىشاھ بولىدۇ؟ پادىشاھ بولۇشقا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بايمۇ ئەمەس!» دېيىشتى. نەبىي: «ئاللاھ ئۇنى تاللاپ سىلەرگە پادىشاھ قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى ۋە بوي - بەستىنى زىيادە قىلدى. ئاللاھ پادىشاھلىقنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
پەيغەمبىرى ئۇلارنىڭ تەلىپىگە جاۋاب بېرىپ: «ئاللاھ سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى» دەيدۇ، ئۇلار تالۇتنىڭ پېقىرلىقىنى ۋە نەسەبىنىڭ تۆۋەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئېتىراز قىلىدۇ، شۇنداقلا پادىشاھلىققا ئۆزلىرىنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرى ئۇلارنىڭ بۇ باتىل چۈشەنچىسىگە رەددىيە بېرىپ: «ئاللاھ تالۇتنى سىلەردىن ئۈستۈن قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى ۋە بوي - بەستىنى زىيادە قىلدى. پادىشاھلىق ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ كەرەمى چەكسىز، لېكىن ئاللاھ ئۇنى كىمگە بېرىدىغانلىقىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ» دەيدۇ ۋە پادىشاھلىققا نەسەبى ئېسىل، مال - مۈلكى كۆپ بولغان ئادەم ئەمەس، ئەكسىچە ئىلمى يېتەرلىك، بەدىنى كۈچلۈك (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى ساغلام، ئەقلى - ھوشى جايىدا، يۈرەكلىك) ئادەم لايىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ لَهُمْ نَبِيُّهُمْ إِنَّ آيَةَ مُلْكِهِ أَنْ يَأْتِيَكُمُ التَّابُوتُ فِيهِ سَكِينَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَبَقِيَّةٌ مِمَّا تَرَكَ آلُ مُوسَىٰ وَآلُ هَارُونَ تَحْمِلُهُ الْمَلَائِكَةُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتىكى: «ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ تەۋەلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر (مۇسانىڭ ھاسىسى، كىيىمى ۋە تەۋرات يېزىلغان بەزى تاختىلار) قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر (ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان) بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى ساندۇقنىڭ نازىل بولۇشىدا ئاللاھنىڭ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھلىققا تاللىغانلىقىغا) ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن (روشەن) ئالامەت بار» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتى: «ئۇنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنى پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ تاۋابىئاتلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر (يەنى مۇسانىڭ ھاسىسى، كىيىمى، ھارۇننىڭ سەللىسى ۋە تەۋرات يېزىلغان بەزى تاختىلار) قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە سىلەنى قايىل قىلىدىغان ئالامەت بار» — تەرجىمە ھەيئىتى
نەبىيىسى ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: «تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى ساندۇقنىڭ سىلەرگە كېلىشىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە رەببىڭلاردىن ھۇزۇر، مۇسا ۋە ھارۇن ئائىلىلىرىنىڭ مىراسلىرىدىن قالدۇق بار. ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن روشەن ئالامەتتۇر». — ئەنەس ئالىم
پەيغەمبىرى ئۇلارغا تالۇتنى پادىشاھلىققا ئاللاھنىڭ تاللىغانلىقىنى، پادىشاھلىق ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىلىم ۋە كۈچنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈگەندىن كېيىن، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقەتەن تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىگە دەلىل تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرى ئۇلارغا تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ دەلىلىنى بىلدۈرىدۇ. دەلىل، دۈشمەنلەر ئۆز ۋاقتىدا ئۇلاردىن بۇلاپ ئېلىۋالغان ۋە ئۇزۇندىن بېرى دۈشمەننىڭ قولىدا بولغان تەۋەررۈك ساندۇقنىڭ مۆجىزىلىك شەكىلدە ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىشىدۇر. بۇ ساندۇق مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياسالغان ۋە ئىچىدە «تەۋراتنىڭ تاختىلىرى» ساقلانغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ ئىچىگە مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملاردىن قالغان بەزى يادىكارلىقلارمۇ قويۇلغان. بۇ ساندۇق بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن ھۇزۇر مەنبەسى ۋە خاتىرجەملىك سەۋەبى ھېسابلىناتتى. ئەنە شۇ ساندۇقنى پەرىشتىلەرنىڭ كۆتۈرۈپ بەنى ئىسرائىلنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىشى، بەنى ئىسرائىلنىڭ پەقەت ساندۇقنىڭلا كېلىشىنى كۆرۈشى تالۇتنىڭ پادىشاھ بولغانلىقىنىڭ دەلىلى بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 249-ئايەت) سەۋر شەكسىز ئىتىقاد ئىلاھىي سىناق ئاللاھقا ئىشىنىش سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەشفَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِالْجُنُودِ قَالَ إِنَّ اللَّهَ مُبْتَلِيكُمْ بِنَهَرٍ فَمَنْ شَرِبَ مِنْهُ فَلَيْسَ مِنِّي وَمَنْ لَمْ يَطْعَمْهُ فَإِنَّهُ مِنِّي إِلَّا مَنِ اغْتَرَفَ غُرْفَةً بِيَدِهِ ۚ فَشَرِبُوا مِنْهُ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُ هُوَ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ قَالُوا لَا طَاقَةَ لَنَا الْيَوْمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ ۚ قَالَ الَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُمْ مُلَاقُو اللَّهِ كَمْ مِنْ فِئَةٍ قَلِيلَةٍ غَلَبَتْ فِئَةً كَثِيرَةً بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ
تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) ئايرىلغان چاغدا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى تېتىمايدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن (ئۇسسۇزلۇقىنى بىرئاز بېسىش ئۈچۈن) بىر ئۇچۇم ئىچكەن ئادەم (بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ)» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى): «بۈگۈن بىزنىڭ جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. ئاللاھ بەرداشلىق بەرگۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن يولغا چىققان چاغدا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى دەريا سۈيىدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى ئىچمەيدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن بىر ئۇچۇم ئىچكەن ئادەم بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان مۆمىنلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى: «بۈگۈن بىز جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيمىز» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. ئاللاھ چىداملىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
تالۇت قوشۇنلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قارارگاھتىن چىقارغاندا ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر ئۆستەڭ بىلەن سىنايدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ مەندىن ئەمەس. كىمكى ئۇنىڭدىن ئىستېمال قىلمايدىكەن، ئۇ مەندىندۇر. لېكىن قولى بىلەن بىر ئوچۇم ئېلىپ ئىچكەنلەر ئەپۇ قىلىنىدۇ» دېدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىلار ئۇ ئۆستەڭدىن سۇ ئىچتى. ئاندىن تالۇت ۋە مۇئمىنلار بىرلىكتە ئۇ ئۆستەڭدىن ئۆتكەن چاغدا ئۇلار: «بىزنىڭ بۈگۈن جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا ھەرگىزمۇ تاقىتىمىز يەتمەيدۇ!» دېدى. ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار بولسا: «نۇرغۇن كىچىك قوشۇنلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن چوڭ قوشۇنلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتلەردە بايان قىلىنغان جەرياندىن كېيىن تالۇت پادىشاھ بولىدۇ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرىدۇ ۋە يولغا چىقىپ قوشۇنلىرىغا: ئاللاھنىڭ ئۇلارنى بۇ جەڭ يولىدا بىر ئۆستەڭ بىلەن سىنايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ ئۆستەڭگە قاتتىق ئىسسىقتا تەشنالىق باسقان چاغدا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيىدىن ئىچىشكە بولمايدىغانلىقىنى، بىر ئوچۇم ئېلىپ ئىچىشكە رۇخسەت بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا «ماڭا ئىتائەت قىلىپ ئۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيىدىن ئىچمىگەنلەر مېنىڭ قوشۇنۇمدىن، ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ ئۇ ئۆستەڭنىڭ سۈيىدىن ئىچكەنلەر مېنىڭ قوشۇنۇمدىن ئەمەس» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ئۆستەڭنىڭ يېنىغا يېتىپ بارىدۇ ۋە سۈيىدىن ئازغىنە كىشىدىن باشقا ھەممىسى خۇددى چاڭقىغان پادىدەك ئىچىدۇ. تالۇت بۇ ئازغىنە كىشى بىلەن ئۆستەڭدىن ئۆتۈپ، دۈشمەننى كۆرگەندە، ئۇ ئازغىنە كىشىلەرنىڭ تولىسى: «بىزنىڭ جالۇت (دۈشمەن قوشۇننىڭ قوماندانى) ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تاقىتىمىز يەتمەيدۇ» دەيدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىمانى كۈچلۈك كىشىلەر: «نۇرغۇنلىغان كىچىك قوشۇنلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن چوڭ قوشۇنلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دەپ ئۇلارنى جاسارەتلەندۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَمَّا بَرَزُوا لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ قَالُوا رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! (قەلبىمىزنى) چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «ئى رەببىمىز! قەلبىمىزنى چىداملىقلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەندە مۇنداق دۇئا قىلىشتى: «رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، شۇ كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!». — ئەنەس ئالىم
(250-251) ئىككى قوشۇن (ئىمان قوشۇنى بىلەن كۇفرى قوشۇنى) جەڭ مەيدانىدا ئۇچراشقان چاغدا، تالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى: «رەببىمىز! بىزنى جاسارەت بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى نېسىپ قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى جەڭ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرغۇزغىن» دېگەن مەنىدە دۇئا قىلىدۇ. بۇ ئەسنادا جالۇت ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇئمىنلاردىن بىر كىشىنىڭ ئۆزى بىلەن ئېلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تالۇتنىڭ قوشۇنىدىن داۋۇد مەيدانغا چۈشىدۇ ۋە جالۇت بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن ئىككى قوشۇن گىرەلىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا تالۇتنىڭ قوشۇنىغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. تالۇت ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا پادىشاھلىقنى داۋۇدقا بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېكمەتمۇ (پەيغەمبەرلىكمۇ) بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان ئىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. ئاللاھ تائالا داۋۇدقا ئۇرۇش كىيىمى ياساش، قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلىش ۋەھاكازا...لارنىمۇ ئۆگىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 251-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ھېكمەت زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش تارىختىن ساۋاقلار داۋۇت ۋە سۇلايمانفَهَزَمُوهُمْ بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابلىققا يۈزلىنەتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كافىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلىناتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كافىرلارنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى[70]. ئاللاھ داۋۇدقا ھۆكۈمدارلىقنى ۋە ھېكمەتنى[71] ئاتا قىلدى، ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئالەملەرگە ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
(2-سۈرە بەقەرە، 252-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەلچى ۋە ئاخىرقى نەبىي قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى ۋەھىيتِلْكَ آيَاتُ اللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِالْحَقِّ ۚ وَإِنَّكَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز. (ئى مۇھەممەد!) سەن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن) پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىسەن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز. سەن ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. بىز ئۇلارنى ساڭا ھەق بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، سەن ئەلچىلىرىمدىنسەن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسەلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكى، ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە لايىق بولغانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرىدۇر. بىز (ئاللاھ) ئۇلارنى ساڭا ئەمەلىيەتتە مەيدانغا كەلگەن ھالىتى بىلەن ئۆز پېتى بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن، سېنىڭ رەببىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلغاندەك، ساڭىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 253-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار ئىلاھىي ئىرادە پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەيساتِلْكَ الرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۘ مِنْهُمْ مَنْ كَلَّمَ اللَّهُ ۖ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَاتٍ ۚ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلَ الَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَلَٰكِنِ اخْتَلَفُوا فَمِنْهُمْ مَنْ آمَنَ وَمِنْهُمْ مَنْ كَفَرَ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلُوا وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى؛ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن كۈچلەندۈردۇق، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۆزىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى ئىمان ئېيتمىدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئەلچىلەردۇر. بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە گەپ قىلدى، بەزىلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن قىلدى. بىز مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىدۇق[72]. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئۇلار بۆلۈندى: بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كافىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
«ئەنە شۇلار» - بۇ سۈرىدە ئىسمى زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەلچىلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىنى، 17 - سۈرە (ئىسرا)نىڭ 55 - ئايىتىدە نەبىيلىرىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ سۈرە (بەقەرە)نىڭ 136 - ئايىتىدە ۋە 3 - سۈرە (ئال ئىمران)نىڭ 84 - ئايىتىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنى ئاللاھنىڭ نەبىيلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ھەممىسىگە ئىشىنىشكە ئەمر قىلىدۇ. مۇشۇ سۈرە (بەقەرە)نىڭ 285 - ئايىتىدە بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەستىن ھەممىسىگە ئىشەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ نەبىيلىرى ۋە ئەلچىلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئالاھىدىلىك ۋە كۆتۈرۈلگەن دەرىجە جەھەتتىن بىر - بىرىدىن پەرقلىق، لېكىن ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئىمان ئېيتىشى جەھەتتىن پەرقسىز، ھەممىسى ئاللاھنىڭ تاللىغان بەندىلىرى ۋە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە 25 نەبىي ۋە ئەلچىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئادەم، ئىدرىس، نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت، ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، يۇسۇف، ئەييۇب، زۇلكىفل، يۇنۇس، ئىلياس، ئەليەسەئـ، شۇئەيب، مۇسا، ھارۇن، داۋۇد، سۇلەيمان، زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا، مۇھەممەد (ئۇلارغا سالاتۇسالاملار بولسۇن). مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى نەبىيلىك ۋە ئەلچىلىكتە ئوخشاش، لېكىن باشقا نېمەتلەردە پەرقلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارغا يېتەكچى قىلغان ۋە دوست تۇتقان، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىۋاسىتە گەپ قىلغان ۋە فىرئەۋنگە كۆرسىتىشى ئۈچۈن توققۇز دانە مۆجىزە ئاتا قىلغان، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا لايدىن قۇش شەكلى ياساپ قۇشقا ئايلاندۇرۇش، تۇغما كورنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى ساقايتىش، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش قاتارلىق مۆجىزىلەرنى بەرگەن، داۋۇد ۋە ئوغلى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالاملارغا نەبىيلىك ۋە ئەلچىلىك بىلەن بىرلىكتە مىسلىسىز پادىشاھلىق ئاتا قىلغان، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا پادىشاھلىقتىن نېسىۋە بەرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە شەنىنى ئۈستۈن قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌ ۗ وَالْكَافِرُونَ هُمُ الظَّالِمُونَ
ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كاپىر بولغۇچىلار زالىملاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كافىرلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن، ئېلىم - سېتىم، دوستلۇق ۋە شاپائەت يوق كۈن كېلىشتىن بۇرۇن چىقىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، كافىرلار زالىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ يەردىكى «چىقىم قىلىش - ئىنفاق» - ئومۇمىي بولۇپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بېرىلگەن زاكات، قىلىنغان خەير - ساخاۋەت، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا قىلىنغان ئىقتىسادىي ياردەم، ئۇرۇش چىقىملىرى ۋە ھەر تۈرلۈك ئىئانىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتتە مۇئمىنلار ئېلىم - سېتىم، دوستلۇق ۋە شافائەت بولمايدىغان كۈن (قىيامەت كۈنى) كېلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ يولىدا ئەنە شۇ چىقىملارنى قىلىشقا ئەمر قىلىنىدۇ، چۈنكى كىشىلەر دۇنيادا بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇنى يا سېتىۋالىدۇ ياكى دوستلىرىدىن ھەقسىز ئالىدۇ ۋە ياكى بىرەر دوستىنىڭ ۋاسىتە بولۇشى (شافائىتى) بىلەن قولغا كەلتۈرىدۇ. قىيامەت كۈنى بۇ ئۈچ خىل مۇمكىنچىلىكنىڭ ھېچقايسىسى مەۋجۇت ئەمەس. ئاخىرەتتە بەندە ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە، ئۇنىڭ بۇ دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدۇر. ئاخىرەتتە ھېچكىم ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدۇ. «شافائەت» ھەققىدە مۇشۇ سۈرە (بەقەرە)نىڭ 48 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 255-ئايەت) ئاللاھنىڭ تەختى ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى تەۋھىداللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۖ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ (مۈلكى) دۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاللاھ بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسىسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنى مۈگدەكمۇ باسمايدۇ، ئۇيقۇمۇ باسمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدۇر. ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ شاپائەت قىلالىسۇن!؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىلمىدىن - ئۇنىڭ خالىغىنىدىن باشقا - ھېچ نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ كۇرسىسى[73] ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر. — ئەنەس ئالىم
«ئايەتۇلكۇرسى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئايەت قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ پەزىلەتلىك ئايەتتۇر، چۈنكى بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيەت، ئۇلۇھىيەت ۋە ئىسىم - سۈپەتلىرىدە يەككە - يېگانە زات ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە ئىلمى بىلەن ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، سەلتەنەتى، ئۇلۇغلۇقى، ئەزىمىتى، كاتتىلىقى ۋە ئۈستۈنلۈكىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى بۇ ئايەت ئاللاھنى، كائىناتنى، مەخلۇقاتنى ۋە ئىنساننى ھەقىقىي مەنىدە تونۇتىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: 1) «ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر» - ئاللاھ يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، چۈنكى مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى پەقەت ئاللاھتىلا باردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ باتىلدۇر، ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىنغان ئىبادەت باتىلدۇر. 2) «دائىم تىرىكتۇر» - مۇكەممەل ۋە دائىمىي تىرىكلىك ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ تىرىكلىكى باشقا جانلىق نەرسىلەرنىڭ تىرىكلىكىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ تىرىكلىكى پەيدا بولمىغان، شۇنداقلا مەڭگۈ يوقالمايدىغان ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي تىرىكلىكتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ ھەر يەردە ھازىر ۋە ھەر ئىشقا قادىردۇر، ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ. 3) «پۈتۈن مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر» - ئاللاھنىڭ بارلىقى باشقا بىرەر نەرسىنىڭ بارلىقىغا موھتاج ئەمەس، ئەكسىچە ھەر نەرسىنىڭ بارلىقى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا موھتاجدۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى خالىغىنىچە يارىتىدۇ، ياراتقىنىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە خالىغان چېغىدا يوق قىلىدۇ. يارىتىش، ياشىتىش، ئۆلتۈرۈش ۋە قايتا تىرىلدۈرۈش پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. 4) «ئاللاھنى مۈگدەكمۇ باسمايدۇ، ئۇيقۇمۇ باسمايدۇ»، چۈنكى ئاللاھنىڭ تىرىكلىكى مۇكەممەلدۇر، كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىنى باشقۇرۇش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارنى دائىم ھاياتلىق ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى، شۇنداقلا باشقۇرۇپ تۇرۇشىغا باغلىقتۇر. ئەگەر ئاللاھنى مۈگدەك ياكى ئۇيقۇ باسسا ئىدى، كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى تەرتىپ بۇزۇلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۈگدەك ياكى ئۇيقۇ بېسىش ئاجىزلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھ ئاجىزلىقتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. 5) «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر» - ئاللاھ بىردىنبىر ئىگىداردۇر، ئاللاھتىن باشقا ھەر نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ھەر نەرسىنى ياراتقۇچى، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى ئاللاھتۇر. ئاللاھتىن غەيرىي ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ھەقىقىي مەنىدە زەررە مىسقالىچە نەرسىگە ئىگە ئەمەس. 6) «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ شافائەت قىلالىسۇن!؟» - ھېچكىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز شافائەت قىلالمايدۇ، چۈنكى «شافائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ئائىتتۇر». شافائەت توغرىسىدا مۇشۇ سۈرە (بەقەرە)نىڭ 48 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. 7) «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى ۋە ئارقىسىدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ» - ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە كېلەچىكىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىلمى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پۈتكۈل ئىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ زاتى ھېچ نەرسىنىڭ زاتىغا ئوخشىمىغاندەك، ئاللاھنىڭ ئىلمىمۇ ھېچبىر مەخلۇقاتنىڭ ئىلمىگە ئوخشىمايدۇ. 8) «ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاللاھ خالىغىنىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلەلمەيدۇ» - ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ۋە پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى، ئۆتمۈشىنى، ھازىرىنى، كېلەچىكىنى ، دۇنياسىنى ۋە ئاخىرىتىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتىش ياكى بەزى ھادىسە ۋە مەخلۇقاتتىن ۋاقىپلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆگەتكەن ئىلىمدىن باشقا ھېچ نەرسە بىلەلمەيدۇ. 9) «ئاللاھنىڭ كۇرسىسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان» - كۇرسى (كُرْسِيّ)نىڭ لۇغەت مەنىسى «ئورۇندۇق، تەخت» دېگەن بولۇپ، بۇ كەلىمە 38 - سۈرە (ساد)نىڭ 34 - ئايىتىدە مۇشۇ لۇغەت مەنىسىدە كېلىدۇ. بۇ كەلىمە مەجازىي مەنىدە سەلتەنەت، ھۆكۈمدارلىق، پادىشاھلىق ۋە ئىلىم دېگەن مەنىلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. «ئاللاھنىڭ كۇرسىسى» ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دەرىجىدە بۈيۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ ئۆزىلا بىلىدۇ. 10) «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاش ئاللاھقا ئېغىر كەلمەيدۇ» - ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى ھىمايە قىلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ. ئاسمانلارنى ئۆز ئەمرى بىلەن تۇتۇپ ۋە زېمىننى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇۋاتقان، سۇلارنى ئېقىتىپ، شاماللارنى چىقىرىپ تۇرۇۋاتقان، ئۇرۇقلارنى ئۈندۈرۈپ زىرائەتلەردىن ھوسۇل، دەرەخلەردىن مېۋە يېتىشتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاللاھ ئاجىزلىقتىن نېمىدېگەن يىراق، ئەيىب ۋە نۇقساندىن نېمىدېگەن پاك! 11) «ئاللاھ ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر»، ئاللاھ ئەرشى ئۈستىدە ئالىيدۇر. ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتنى قۇدرىتى ۋە ئىلمى ئاستىدا تۇتماقتىدۇر. ئاللاھ چىرايلىق ئىسىملىرى بىلەن ھەر نەرسىدىن ئۈستۈندۇر. ئاللاھنىڭ ئەزىمىتى ئالدىدا پادىشاھلارنىڭ چوڭلۇقى كىچىكلەپ كېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى يوقاپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئەزىمىتى مىسلىسىز، ئۇلۇغلۇقى چەكسىز، قۇدرىتى يېڭىلمەس يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَدْ تَبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ ۚ فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِنْ بِاللَّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ لَا انْفِصَامَ لَهَا ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (بارلىق شەيتانىي كۈچ ۋە تۈزۈم) نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
دىندا زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى باتىل مەبۇدلارنى رەت قىلىپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرىلىق ئازغۇنلۇقتىن ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى[74] ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى چىڭ تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
«دىندا زورلاش يوق»، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانغا دىننى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئەركىنلىك بەرگەن. «تاغۇت» - ھەددىدىن ئاشماق مەنىسىدىكى «تۇغيان، تۇغۋان - طغيان، طغوان» سۆز تومۇرىدىن مۇبالىغە سۈپەتداشتۇر، لۇغەت مەنىسى ھەددىدىن ئېشىشتا چېكىدىن ئاشقۇچى دېگەن بولۇپ، ئاساسەن ئۆزى ھەددىدىن ئاشقاننىڭ سىرتىدا باشقىلارنىڭمۇ ھەددىدىن ئېشىشىغا سەۋەبچى بولغۇچى دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد، سېھىرگەر، پالچى، رەمچى، زالىم، ياخشىلىق يولىدىن توسقۇچى، شەيتان، بۇت، ھەر قانداق يامانلىقنىڭ ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ بېشى، ھەر ئازغۇنلۇقنىڭ يېتەكچىسى، گۇناھتا ئىتائەت قىلىنغۇچى قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنىدۇ. تاغۇت ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمدە سەككىز يەردە ئۆتىدۇ. بۇ ئايەتتە تاغۇتنى ئىنكار قىلىش ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتىلگەن ھەر پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارغا: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇقنى يەتكۈزۈشتە خۇلاسىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تاغۇت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ: 1) ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنغان ۋە ئىبادەت قىلىنىشىغا رازى بولغان بارلىق شەيئى ۋە شەخسلەر. بۇلارنىڭ بېشىدا شەيتان كېلىدۇ، چۈنكى شەيتان ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلمىغانلار شەيتانغا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ. 2) ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق، باشقا ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغان كىشى. 3) غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان كىشى. 4) كافىرلارنىڭ كۇفۇر ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا قېلىشلىرىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان، ئۇلارنى ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىدىن توسۇۋاتقان، لېكىن كافىرلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرى، ھىمايىچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى ۋە پايدا يەتكۈزۈۋاتقان ئۇلۇغلىرى دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە جىن ۋە ئىنسان شەيتانلاردىن ئىبارەت بولغان ئالدامچىلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اللَّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آمَنُوا يُخْرِجُهُمْ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَوْلِيَاؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُمْ مِنَ النُّورِ إِلَى الظُّلُمَاتِ ۗ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمەتلىرىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلارنىڭ ئىگىسى تاغۇتتۇر، ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلۇقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىگىسىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى كۇفرنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئىماننىڭ يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ؛ كافىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر، ئۇ ئۇلارنى ئىماننىڭ يورۇقلۇقىدىن چىقىرىپ كۇفرنىڭ قاراڭغۇلىقىغا كىرگۈزىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر[75]. ئاللاھ ئۇلارنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ. كافىرلارنىڭ ۋەلىيلىرى تاغۇتلاردۇر. ئۇلار كافىرلارنى نۇردىن زۇلمەتلەرگە چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
«ۋەلىي» - يېقىن، دوست، ياردەمچى، ھىمايىچى، ئىگە دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. «ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى، ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ئىگىسى، ھامىيسى ۋە قوغدىغۇچىسى دېگەن بولىدۇ. دەرۋەقە بۇ ئايەتتە «ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىدىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقىرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. دېمەككى، تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشەنگەن مۇئمىنلارنى ئاللاھ ھىمايىسىگە ئالىدۇ، قوغدايدۇ، دوست تۇتىدۇ، ئىگە چىقىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ. جۈملىدىن ئۇلارنى كۇفۇر ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىدىن چىقىرىپ ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىغا يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كامالەتكە يېتىدۇ ۋە بەختكە ئېرىشىدۇ. كافىرلار ئاللاھقا ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا تاغۇتلارغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن تاغۇتلار ئۇلارغا باتىلنى ھەق، ياخشىنى يامان، سەتنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئىمان ۋە ئىلىم نۇرىدىن كۇفرى، جاھالەت، تەرسالىق ۋە تەقلىد قاراڭغۇلۇقلىرىغا چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار دوزاخنىڭ ئەھلى بولۇپ، مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىرىنى ئۆلتۈردى، يەنە بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تۈپەيلى، ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئادەمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى. ئىبراھىم: «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرىدۇ، سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېۋىدى، ئۇ كافىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ھۆكۈمدارلىق ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم بىلەن رەببى توغرىسىدا دەتالاش قىلقان كىشى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «مېنىڭ رەببىم تىرىلدۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر» دېگەن ئىدى، ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن، ئۆلتۈرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم: «ئۇنداق بولسا، ئاللاھ قۇياشنى مەشرىقتىن چىقىرىدۇ. قېنى، سەن ئۇنى مەغرىبتىن چىقىرىپ باق!» دېدى. ئۇ كافىر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
«ئاللاھ ھۆكۈمدارلىق ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەددىدىن ئېشىپ ئىبراھىمنىڭ رەببى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىشقان كىشىنى تونۇپ يەتمىدىڭمۇ؟» - ئاللاھ تائالا بەزى ئىنسانلارنى بايلىق ۋە پادىشاھلىق (ئەمەل، مەنسەپ، ھوقۇق) بىلەن سىنايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلكىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانلارنىڭ ئەسلىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ، ھەر ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھقا موھتاج بولمايدىغانلىقىنى ئويلايدۇ، ھەتتا بەزىدە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئاللاھ قىلغان ئىشلارنى ئۆزلىرىنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى ھۆكۈمدار (بەزى مەنبەلەردە بۇ ھۆكۈمدارنىڭ بابىل شەھىرىنى قۇرغان ۋە مۇنارىنى ياسىغان نەمرۇد ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ) ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن پادىشاھلىققا شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ پادىشاھلىق بىلەن ھەددىدىن ئاشقان، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاللاھ تائالا توغرىسىدا مۇنازىرىلەشكەن. دېمەككى، بايلىق ۋە ھوقۇق (پادىشاھلىق) نەمرۇدقا ئوخشاشلاردا ئىنكار ۋە زۇلۇمغا، داۋۇد ۋە سۇلەيمان ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاشلاردا شۈكۈر ۋە ياخشىلىققا سەۋەب بولىدۇ. ئالدىنقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، قوغدايدىغانلىقىنى ۋە زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ بايانىغا مىسال سۈپىتىدە، بىر كافىر ھۆكۈمدارنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا قىلىشقان مۇنازىرىسىنى ۋە مۇنازىرىدە ئۇ كافىرنىڭ يېڭىلىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ غالىب كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز سىناش ئۈچۈن ئاتا قىلغان پادىشاھلىق نېمىتى بىلەن ھەددىدىن ئېشىپ، رۇبۇبىيەت دەۋاسى قىلغان ۋە ھەققىمىزدە دوستىمىز ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن مۇستەبىتنىڭ مۇنازىرىسىدىن خەۋىرىڭ بولدىمۇ؟ ئۇ ھەقتە مەلۇماتىڭ بارمۇ؟ ئۇ مۇنازىرە ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم رۇبۇبىيەت (پەرۋەردىگارلىق) دەۋاسى قىلغان ئۇ كافىرغا، «رەببىم جان بېرىدۇ ۋە جان ئالىدۇ» دېگەن مەنىدە «مېنىڭ رەببىم ئاللاھ، تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر، ئەمما سەن تىرىلدۈرەلمەيسەن ۋە ئۆلتۈرەلمەيسەن» دېگەن ئىدى، ئۇ كافىر مۇتتەھەملىك قىلىپ : «ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلىمەن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئادەمنى كەچۈرۈم قىلىمەن» دېگەن مەنىدە «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن، ئۆلتۈرىمەن» دېدى. ئۇ كافىر ئۆزىنىڭ ئاللاھ تىرىلدۈرگەندەك تىرىلدۈرەلمەيدىغانلىقىنى، ئاللاھ ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى، لېكىن يېڭىلىپ رەسۋا بولۇش ۋە ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ ئەنە شۇنداق «داڭقان پۇتى گەپ»نى دەلىل دەپ ئېيتقان. شۇڭلاشقا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە دېيەلمەيدىغان دەلىلنى كەلتۈرۈپ: «مېنىڭ رەببىم قۇياشنى مەشرىقتىن چىقىرىدۇ، قېنى سەن قۇياشنى مەغرىبتىن چىقىرىپ باققىن!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كافىر تېڭىرقاپ قالدى، تەمتىرىدى ۋە زۇۋانى تۇتۇلدى. ئاللاھ تائالا ئۆز دوستى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەنە شۇنداق ياردەم بەردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن مۇنازىرىدە غالىب كەلدى. مانا بۇ قىسسە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز دوستلىرىنى جاھالەت زۇلمىتىدىن ئىلىم نۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 259-ئايەت) تىرىلىش غەيبكە ئىشىنىش ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي دەلىللەر پەيغەمبەر مۆجىزىلىرىأَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْيِي هَٰذِهِ اللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ اللَّهُ مِائَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَلْ لَبِثْتَ مِائَةَ عَامٍ فَانْظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَانْظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِلنَّاسِ ۖ وَانْظُرْ إِلَى الْعِظَامِ كَيْفَ نُنْشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك- ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ياكى سەن تام-ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان شەھەردىن ئۆتكەن كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ: «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «سەن بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سەن يۈز يىل تۇردۇڭ! يېمەك-ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، ئۇ بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارا (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). سېنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىلى قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارنى قىلدۇق. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى بىز قانداق قۇراشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قانداق گۆش قوندۇرىمىزكىن». بۇ ئىشلار ئۇنى كۆز ئالدىدا ئېنىق بولغان چاغدا، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلدىم» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
تۆۋەندىكى كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ: ئۇ ئۆگزىلىرى چۆكۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان يۇرتتىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ: «ئاللاھ ئۆلگەن بۇ يۇرتنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى دەرھال ئۆلتۈردى ۋە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ: «ئۆلۈك ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دېدى، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز» دېدى. ئاللاھ: «ياق، يۈز يىل تۇردۇڭ. يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭگە قارىغىن، بۇزۇلمىدى. ئېشىكىڭگە قارىغىن. سېنى ئىنسانلارغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈردۇق. شۇ سۆڭەكلەرنى قانداق قۇراشتۇرىدىغانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارغا قانداق گۆش قوندۇرىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن» دېدى. ئۇ كىشى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىق كۆرۈپ: «ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئوبدان بىلدىم» دېدى. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان ھادىسە، ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى، قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ۋە قاراڭغۇ زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدىغانلىقىنىڭ ئىككىنچى مىسالىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا بىر ياخشى بەندە دۈشمەنلەر تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن ۋە خارابىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن بىر يۇرتتىن ئۆتىدۇ (تەپسىرلەردە ئۇ بەندىنىڭ بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىدىن ياكى ئۆلىمالىرىدىن بىرى، ئۇ يۇرتنىڭ قۇددۇس شەھىرى ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ). ئۇ بەندە پۈتۈنلەي بۇزۇلغان ئۇ يۇرتنىڭ ئىككىنچى قېتىم جانلىنىشىنى ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراق ھېسابلاپ: «ئاللاھ بۇ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن يۇرتنى قانداق تىرىلدۈرىدۇ؟» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىنى دەرھال ئۆلتۈرۈپ يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە قويىدۇ، ئاندىن تىرىلدۈرۈپ: «ئۆلۈك ھالىتىڭدە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورايدۇ، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ كۈندۈزى ئۆلتۈرۈلۈپ يەنە كۈندۈزى تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئارىدىن ئۆتكەن يۈز يىللىق مۇددەتنى بىلەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى توغرىلاپ: «ياق، سەن يۈز يىل تۇردۇڭ» دەيدۇ ۋە ئۇنى بۇنىڭغا قايىل قىلىش ئۈچۈن: «يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭگە قارىغىن، بۇزۇلمىدى» دەيدۇ، يەنى ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر يېمەك - ئىچىمىكىڭنىڭ تەمى ۋە رەڭگى ئۆزگەرمىدى دەيدۇ. «ئېشىكىڭگىمۇ قارىغىن» - سەن مىنىپ كېلىپ يېنىڭدا ئوتلىغىلى قويۇۋەتكەن ئېشىكىڭ زامان ئۆتۈشى بىلەن ھالاك بولدى، ئۇنىڭدىن پەقەت پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەن سۆڭەكلەرلا قالدى. بۇ ئېشىكىڭنىڭ ئۆلۈپ ئارىدىن يۈز يىل ئۆتكەنلىكى ۋە ئادەتتە تېز بۇزۇلۇپ قالىدىغان يېمەك - ئىچمىكىڭنىڭ بۇزۇلماستىن تۇرۇشى بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. «بۇ ئىشنى، سېنى ئىنسانلارغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق» - سېنى ئۆلتۈرۈپ، يۈز يىلدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش، يېمەك - ئىچمىكىڭنى ئۆز پېتى ساقلاش، ئېشىكىڭنى ئۆلتۈرۈپ سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىش قاتارلىق ئىشلارنى، سېنى قۇدرىتىمىزگە دەلىل قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق. يەنى سېنىڭ يۈز يىل ئۆلۈك ھالەتتە قېلىپ قايتا تىرىلىشىڭ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. شۇنىڭدەك، سەن بۇ ئەھۋاللارنى كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ ۋە ئەمەلىيىتىڭدە ياشاپ بىزنىڭ ئۇ يۇرتنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىمىزغا جەزمەن ئىشىنىسەن، دىلىڭدىكى ئەجەبلىنىش ۋە تېڭىرقاش يوق بولىدۇ. «شۇ سۆڭەكلەرنى قانداق قۇراشتۇرىدىغانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارغا قانداق گۆش قوندۇرىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن» - ئۇ سۆڭەكلەر بىردىنلا يۈز يىل بۇرۇنقى ئېشىكىڭگە ئايلىنىدۇ. «ئۇ كىشىگە ئىشنىڭ ھەقىقىتى ئېنىق بولغان ئىدى، ‹ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئوبدان بىلدىم› دېدى» - ئۇ بەندە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ: «ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە، بولۇپمۇ ئۇ يۇرتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئېنىق بىلدىم» دېدى. دېمەككى، ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى ئۇ بەندىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇنى ئەجەبلىنىش ۋە تېڭىرقاشتىن قۇتقۇزدى، چۈنكى «ئاللاھ مۇئمىنلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر، ئۇلارنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ أَرِنِي كَيْفَ تُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۖ قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِنْ ۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِنْ لِيَطْمَئِنَّ قَلْبِي ۖ قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِنَ الطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ اجْعَلْ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٍ مِنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ادْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا ۚ وَاعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «ئى رەببىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا بىر كۆرسەتسەڭ» دېۋىدى. ئاللاھ: «ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم تېخىمۇ تەسكىن تاپسۇن دەيمەن» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ ئۆزۈڭگە ئۆگەتكىن، ئاندىن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ)، ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويۇپ قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلار دەرھال سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىسەن، ماڭا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئەلۋەتتە ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم ئارام تاپسۇن دەپ بۇنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەببى مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا تۆت دانە قۇش تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە كۆندۈرگىن. ئاندىن ئۇلارنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر تاغنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن بىرەر پارچە قويغىن. ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، دەرھال يېنىڭغا كېلىدۇ. بىلگىنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان ھادىسە ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلارنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنىڭ، قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنىڭ ۋە قاراڭغۇ زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقىرىدىغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى مىسالىدۇر. بىرىنچى مىسال ئاللاھ تائالانىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى مۇستەبىت ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىدا غالىب قىلىشىدۇر. ئىككىنچى مىسال بىرەر ئىشنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن يىراق ھېسابلاش زۇلمىتىدە قالغان مۇئمىن بەندىنى «ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىش» نۇرىغا چىقىرىشىدۇر. ئۈچىنچى مىسال بولسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش شەكلىنى كۆرسىتىپ ، ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشكە بولغان ئىمانىدا كۆز بىلەن كۆرۈپ ئىشىنىش مەرتىۋىسىگە يۈكسەلدۈرۈشتۇر. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە : ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم كامالى ئەدەپ بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشىنى سورايدۇ، ئۇنىڭ «رەببىم!» دېيىشى، «ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقانلىقىڭغا، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىڭغا ۋە باشقۇرۇۋاتقانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. يارىتىش، ياشىتىش، باشقۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە قايتا تىرىلدۈرۈش سېنىڭ ئىلكىڭدە. سەن بۇلارغا ئەلۋەتتە قادىرسەن. مەن سېنىڭ ئاجىز بەندەڭ، سېنىڭ ھەر تۈرلۈك نېمىتىڭگە موھتاج ۋە ئىلىم ئۆگىتىشىڭگە تەشنامەن» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن بۇ تەلەپنى قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ سورايدۇ: «سەن بۇنى تەلەپ قىلامسەن، مېنىڭ ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىدىڭمۇ؟». ئىبراھىم ئېيتىدۇ: «ئەلۋەتتە ئىشەندىم يا رەببى، لېكىن مەن بۇ ھەقتە شەكسىز بىلگىنىمنى كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئىشەنچىمنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلدىم. دىلىمنىڭ تۇراقلىشىشىنى، ئىلمىمنىڭ جەزملىشىشىنى ۋە ئەقلىمنىڭ قەلبىمگە قايتا دەلىل كۆرسىتىشكە موھتاج بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلدىم». «رەببى مۇنداق دېدى» - يەنى ئىبراھىمنىڭ ياراتقۇچىسى، پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى قامدىغۇچىسى ۋە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ئېيتىدۇ: «ئۇنداق بولسا تۆت دانە قۇش تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە كۆندۈرگىن، ئاندىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ھەر تاغنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن بىرەر پارچە قويغىن، ئاندىن ئۇ قۇشلارنى چاقىرغىن، دەرھال يېنىڭغا كېلىدۇ. بىلگىنكى: ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىدۇر». شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىدۇ، نەتىجىسىنى كۆرىدۇ ۋە ئارزۇسىغا يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنْبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنْبُلَةٍ مِائَةُ حَبَّةٍ ۗ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى (چەكلىك ئەمەس) كەڭدۇر (ئاللاھ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر)(ئىزاھات: بۇ، ئاللاھ ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان پۇل ـ مالنىڭ ساۋابىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولىدىغانلىقىغا مىسال.) — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى (يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ*[1]. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى، يەتتە باشاق ئۈندۈرگەن ۋە ھەر باشىقىدا يۈز دانە دان تۇتقان بىر داننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت، «كىمكى ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن، ئاللاھ ئۇ قەرزنى ئۇ كىشىگە قاتمۇقات كۆپەيتىپ قايتۇرىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ يولىدا خالىس نىيەت بىلەن بېرىلگەن نەرسىنى ئىگىسىگە قاتمۇقات كۆپەيتىپ قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇ «قاتمۇقات»نىڭ مىقدارىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ پۇل - مال چىقىم قىلغان كىشىنىڭ چىقىم قىلغان پۇل - مېلى، بۇغداي ۋە قوناققا ئوخشاش باشاقلىق زىرائەتلەرنىڭ بىر دانە دېنىغا (بىر تال ئۇرۇقىغا) ئوخشايدۇكى، ئۇ دان ئۈنۈپ يەتتە دانە باشاق چىقىرىدۇ ۋە ھەر باشىقى يۈز تالدىن دان ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئاللاھ خالىغان كىشىگە كۆپەيتىپ بېرىدۇ» - يەنى ئاللاھ تائالا بۇ كۆپەيتىشنى خالىغان كىشىگە قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا بېرىلگەن بىر پۇل (بىر تەڭگە، بىر دىنار...)نىڭ مىسالى مانا مۇشۇنداقتۇر، ئاللاھ ئۇنى 700 (يەتتە يۈز)گىچە كۆپەيتىپ قايتۇرىدۇ، ھەتتا چىقىم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالى، ئىخلاسى ۋە سەمىمىيىتىگە قاراپ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپكە كۆپەيتىپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ھېسابسىز بېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ نېمىتى چەكسىز، ئىلتىپاتى چوڭ ۋە رەھمىتى كەڭدۇر. كىمنىڭ قاتمۇقات كۆپەيتىپ بېرىشكە، كىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ بېرىشكە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَا أَنْفَقُوا مَنًّا وَلَا أَذًى ۙ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەنشدىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، كېيىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىپ ئاندىن مىننەت قىلمايدىغان ۋە رەنجىتمەيدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە، مۇئمىننىڭ ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغان پۇل - مېلىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قاتمۇقات كۆپەيتىلىپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئەنە شۇ مۇكاپاتقا لايىق بولىدىغان چىقىمنىڭ ماھىيىتى بايان قىلىنىدۇ ۋە بۇ چىقىمنى قىلغان كىشىگە مەڭگۈ بەخت - سائادەتنىڭ خۇش خەۋىرى بېرىلىدۇ. تەلەپكە لايىق چىقىم، بېرىپ بولۇپ ئارقىسىدىن مىننەت قىلىنمىغان (باشقىلارغا كۆز - كۆز قىلىنمىغان، سەدىقە بېرىلگەن كىشىنىڭ يۈزىگە سېلىنمىغان) ۋە ياخشىلىق قىلىنغان كىشى سۆز ياكى پېئىل بىلەن رەنجىتىلمىگەن چىقىمدۇر. ئەنە شۇنداق چىقىمنى قىلغانلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قورقۇشىغا ۋە ئۆتمۈشى ئۈچۈن قايغۇرۇشىغا كېرەك يوق، چۈنكى ئۇلار گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىپ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَوْلٌ مَعْرُوفٌ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌ مِنْ صَدَقَةٍ يَتْبَعُهَا أَذًى ۗ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٌ
ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈۋېتىش ئەزىيەت ئەگىشىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىش سەدىقە قىلىپ بولۇپ رەنجىتكەندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، ھەلىمدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىش، جۈملىدىن موھتاجقا خەير - سەدىقە قىلىش ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر، لېكىن خەير - سەدىقە قىلىپ ئارقىسىدىن موھتاجنى رەنجىتكەندىن باشتىلا ئۇنداق خەير - سەدىقىنى قىلمىغان ياخشى. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئىنچىكىلىكنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئېھتىياجىنى بىلدۈرۈپ بىرەر نەرسە تەلەپ قىلغان كىشىگە چىرايلىق گەپ قىلىپ كۆڭلىنى ياساش، ناۋادا تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ كەمچىلىك ئۆتكۈزگەن بولسا ئۇنى ئەپۇ قىلىش، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى يوشۇرۇش، رەسۋا قىلماسلىق ۋە ئىززەت - نەپسىگە تەگمەسلىك، ئۇنىڭغا سەدىقە قىلىپ ئارقىسىدىن ئۇنى رەنجىتكەندىن ياخشى. ئاللاھنىڭ سەدىقىلەرگە ئېھتىياجى يوق، ئەكسىچە سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېھتىياجى بار. شۇڭلاشقا سەدىقە قىلماقچى بولغان كىشى خالىس قىلىشى كېرەك، بولمىسا قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر سەدىقە قىلىپ ئارقىسىدىن پېقىرنى رەنجىتكەن بولسا، ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قورقۇشى، شۇنداقلا تەۋبە قىلىشى كېرەك، ئاللاھ دەرھال جازالىمىغان بىلەن ھامىنى بىر كۈن جازالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُبْطِلُوا صَدَقَاتِكُمْ بِالْمَنِّ وَالْأَذَىٰ كَالَّذِي يُنْفِقُ مَالَهُ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُ وَابِلٌ فَتَرَكَهُ صَلْدًا ۖ لَا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَيْءٍ مِمَّا كَسَبُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ كەتكەن سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە رەنجىتىش ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەڭلار. سىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مېلىنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىدەك بولماڭلار. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالى، قاتتىق يامغۇر يېغىش بىلەن ئۈستىدىكى توپىلار كېتىپ، ئەسلى ھالىتى چىقىپ قالغان سىلىق قورام تاشنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئۆز ئەمەللىرىدىن ھېچبىر ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە خەير - سەدىقە قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ ۋە ئۇنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئىككى ئامىلغا دىققەت تارتىدۇ. بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى ئۇ ئىككى ئامىل بىلەن خەير - سەدىقىلىرىنى بىكار قىلىشتىن توسىدۇ ۋە ئۇلارغا كۈندىلىك ھاياتىدا كۆزى بىلەن كۆرىدىغان بىر ھادىسىنى مىسال قىلىپ مەسىلىنى چۈشەندۈرىدۇ: «ئى مۇئمىنلار!» - ئىمان بىلەن رىيا بىر قەلبتە جەم بولمايدۇ، سىلەر مۇئمىن بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىمانىڭلارغا يارىشا ئىش قىلىڭلار، بىلىڭلاركى: خەير - سەدىقە قىلىپ ئارقىسىدىن مىننەت قىلىش ۋە پېقىرنى رەنجىتىش خەير - سەدىقىنى بىكار قىلىپلا قالماستىن ئىمانغىمۇ دەخلى يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا «سىلەر خەير - سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە رەنجىتىش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار». ئەگەر خەير - سەدىقە قىلىپ ئارقىسىدىن مىننەت قىلساڭلار ياكى خەير - سەدىقە قىلىنغان تەرەپنى سۆز ۋە ھەرىكەت بىلەن رەنجىتسەڭلار، مېلىنى ئىنسانلارغا كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرقى كۈن (قىيامەت كۈنى)گە ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. ئۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالى، ئۈستىدە توپا بولغان سىلىق قورام تاشنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇكى، ئۇ تاشقا قاتتىق يامغۇر يېتىپ كېلىپ ئۈستىدىكى توپىنى يوقىتىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قاتتىق تاش ھالىتىدە قالدۇرۇپ قويىدۇ. مىننەت قىلىش، رەنجىتىش ۋە رىيا قىلىش ئەنە شۇنداق بولۇپ، خەير - سەدىقىلەرنىڭ ساۋابىنى يوقىتىۋېتىدۇ. خەير - سەدىقىسىگە مەزكۇر ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى ئارىلاشتۇرغانلار خەير - سەدىقىسىدىن ھېچقانداق پايدا ئالالمايدۇ. بۇ ئۈچ ئىش كافىرلارنىڭ سۈپەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ كافىرلارنى ھېچبىر ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 265-ئايەت) ئىخلاس ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت ئاللاھ يولىدا خەجلەش تەمسىل ۋە ئوخشىتىشلاروَمَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ وَتَثْبِيتًا مِنْ أَنْفُسِهِمْ كَمَثَلِ جَنَّةٍ بِرَبْوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٌ فَآتَتْ أُكُلَهَا ضِعْفَيْنِ فَإِنْ لَمْ يُصِبْهَا وَابِلٌ فَطَلٌّ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ۋە چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ (دېمەك، بۇنداق خەير ـ ساخاۋەتلىك ئادەم مېلى كۆپ بولسا كۆپكە يارىشا، ئاز بولسا ئازغا يارىشا بېرىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
پۇل-ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ۋە ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئىمانىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇر ياغسا ئىككى قات مەھسۇلات بېرىدىغان، كۆپ يامغۇر ياغمىسا چۈشكەن شەبنەم بىلەن قېنىپ مەھسۇلات بېرىدىغان گۈزەل باغنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە رىيا، مىننەت ۋە ئەزىيەت بىلەن خەير - سەدىقە قىلغانلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مىسال بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە، پۇل - مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۆزىنى ئىماندا مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چىقىم قىلغانلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مىسال بايان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۆزلىرىنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغانلار، مۇنبەت ۋە ئېگىز يەرگە جايلاشقان، كۆپ سۇ بىلەنمۇ ئاز سۇ بىلەن ھوسۇل بېرىدىغان گۈزەل باغقا ئوخشايدۇ. ئۇنداق باغ مول يامغۇرغا ئېرىشسە ئىككى ھەسسە ھوسۇل، مول يامغۇرغا ئېرىشمىسە شەبنەم بىلەن كۇپايىلىنىپ بىر ھەسسە ھوسۇل بەرگەندەك، مۇئمىن ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ئىمكانىغا قاراپ ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىدۇ؛ ئىمكانى كۆپ بولسا كۆپ چىقىم قىلىدۇ، ئاز بولسا قولىدىن كەلگەننى چىقىم قىلىدۇ، ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدا قىلىدىغان چىقىمى توختاپ قالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ھاۋاسى ياخشى، زېمىنى مۇنبەت باغ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ھوسۇل بەرگەندەك، ئىخلاسمەن مۇئمىنمۇ ھەرقانداق شارائىتتا ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىدۇ. ئۇ پۇل - مېلىنى چىقىم قىلىشتا بىرىنچىدىن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن رىيا قىلمايدۇ، ئىككىنچىدىن نەپسىنى تەربىيەلەشنى، ئۆزىنى سېخىيلىق ۋە ياخشىلىققا ئادەتلەندۈرۈشنى، شۇنداقلا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ھايات شەكلىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولىدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىسىگە نادامەت قىلمايدۇ - دە، قىلغان خەيرىنى قارشى تەرەپنىڭ يۈزىگە سالمايدۇ (مىننەت قىلمايدۇ)، ئۇنى بىرەر نالايىق سۆز ياكى بىرەر بولمىغۇر ھەرىكەت بىلەن رەنجىتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَيَوَدُّ أَحَدُكُمْ أَنْ تَكُونَ لَهُ جَنَّةٌ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ لَهُ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَأَصَابَهُ الْكِبَرُ وَلَهُ ذُرِّيَّةٌ ضُعَفَاءُ فَأَصَابَهَا إِعْصَارٌ فِيهِ نَارٌ فَاحْتَرَقَتْ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
ئاراڭلاردا كىممۇ ياقتۇرسۇنكى، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى ئۇششاق بولۇپ، (بۇ باغ) قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوتتا كۆيۈپ كەتسۇن. سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى شۇنداق (گۈزەل مىسال بىلەن) بايان قىلىدۇ (يەنى پۇل ـ مېلىنى رىيا ئۈچۈن سەرپ قىلغان ياكى باشقىلارغا رەنجىتىش، مىننەت قىلىش بىلەن سەرپ قىلغان ئادەم، ساۋابىنى ئەڭ موھتاج تۇرۇقلۇق يوقىتىپ قويغان بولىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئاراڭلارداىكى خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى تېپىلىدىغان بىر بېغى بار بىرەيلەن ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى تېخى كىچىك چاغدا، بۇ باغنىڭ قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوت ئۇچقۇنىدا كۆيۈپ كېتىشىنى ياقتۇرامدۇ؟*[1]. سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن بىرى خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك، ئىچىدە ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر بولغان بىرەر بېغى بولۇشىنى، ئۆزىگە قېرىلىق يېتىپ بالىلىرىنىڭ تېخى ئۇششاق بولۇشىنى، مۇشۇنداق چاغدا كۆيدۈرگۈچى بوران كېلىپ ئۇ باغنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلامدۇ؟ ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
يۇقىرىدا ئاللاھ يولىدا خالىس نىيەت بىلەن مال چىقىم قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى ئىككى دانە مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئاندىن خەير - سەدىقىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان سەۋەبلەر بىلدۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلارنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە رىيا ئۈچۈن خەير - سەدىقە قىلغان، خەير - سەدىقە قىلىپ بولۇپ ئارقىسىدىن مىننەت قىلغان ياكى قارشى تەرەپنى رەنجىتكەن ئادەملەرنىڭ ئەھۋالى بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ يولىدا قىلغان چىقىملىرىدا خالىس بولمىغان ئادەملەر، ئۆزى ياشىنىپ ئىشتىن قالغان، بالىلىرى ئۇششاق بولۇپ ھېچبىرىنىڭ قولى ئىشقا تەگمىگەن بىر چاغدا، ھاياتتا بىرلا كىرىم مەنبەسى بولغان مېۋىلىك بېغى ئوت كېتىپ كۆيۈپ كەتكەن ئادەمگە ئوخشايدۇ. قىيامەت كۈنى ئەمەل قىلىش پۇرسىتى قولىدىن كەتكەن ۋە ياخشىلىققا قاتتىق ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئەسنادا، ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ بىكار بولۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ ۋە ئۈمىدى تامامەن يوق بولىدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىستىقبالىڭلار ئۈچۈن ئويلىنىشىڭلار، شۇنداقلا ئەمەلنى خالىس قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق ئېنىق بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّا أَخْرَجْنَا لَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ ۖ وَلَا تَيَمَّمُوا الْخَبِيثَ مِنْهُ تُنْفِقُونَ وَلَسْتُمْ بِآخِذِيهِ إِلَّا أَنْ تُغْمِضُوا فِيهِ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقەڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپلا ئالىدىغان (نەرسىلەردەك) ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقەڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار كۆز يۇممىساڭلار ئالمايدىغان ناچارلىرىنى چىقىم قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەت تىجارەت ماللىرىغا، ئالتۇن - كۈمۈش ۋە باشقا نەق پۇللارغا، يەر مەھسۇلاتلىرىغا (ئاشلىق ۋە مېۋىلەرگە)، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا زاكات كېلىدىغانلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنى ئايرىپ بەلگىلەنگەن ئورۇن ۋە كىشىلەرگە بېرىشنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ماللاردىن زاكاتقا ئايرىلىدىغان قىسمىنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلار كەسپ قىلىپ تاپقان تىجارەت مېلى، ئالتۇن - كۈمۈش ۋە باشقا نەق پۇللارنىڭ ئوبدانلىرىدىن مۇئەييەن مىقداردا ئايرىڭلار، بىز زېمىندىن سىلەرگە چىقىرىپ بەرگەن ئاشلىق، مېۋە، كان مەھسۇلاتلىرى ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ ياخشىلىرىدىن ئايرىڭلار، شۇنداقلا بۇ ئايرىغىنىڭلارنى بىز بەلگىلىگەن شەخس ۋە ئورۇنلارغا تاپشۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ مۇئمىنلىق سۈپىتىڭلارغا يارىشا ئىش قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە باشقىلار بىرەر سەۋەب بىلەن بەرسە ناچارلىقىنى كۆرمەسكە سالمىساڭلار ئالمايدىغان دەرىجىدىكى سۈپىتى ناچارلىرىنى ئايرىپ ئۇلارنى بېرىشكە ئۇرۇنماڭلار. بۇنداق قىلىش مۇئمىنلىقىڭلارغا ياراشمايدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ سەدىقە - زاكاتلىرىڭلارغا موھتاج ئەمەس، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان شۇنچە نېمەتلىرى ئۈچۈن ھەمدۇسانا ئېيتىشىڭلارغا ۋە لايىق رەۋىشتە شۈكۈر قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 268-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى رىزىق شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش ۋەسۋەسەالشَّيْطَانُ يَعِدُكُمُ الْفَقْرَ وَيَأْمُرُكُمْ بِالْفَحْشَاءِ ۖ وَاللَّهُ يَعِدُكُمْ مَغْفِرَةً مِنْهُ وَفَضْلًا ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ؛ ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتۇپ، قەبىھ ئىشقا[76] بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تەرىپىدىن مەغپىرەت ۋە ئىلتىپات ۋەدە قىلىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
شەيتان ئىنساننىڭ ئاشكارا دۈشمىنى بولۇپ، ئۇنى يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، جۈملىدىن ئۇ زاكات بېرىشنى ياكى خەير - سەدىقە قىلىشنى ئىرادە قىلغان ئىنساننى پېقىر بولۇپ قېلىشتىن قورقۇتۇپ، زاكات ۋە سەدىقە بەرمەسلىككە بۇيرۇيدۇ، پۇل - مېلىنى يامان ئىشلاردا خەجلەشكە ۋە ياخشى ئىشلارغا پۇل خەجلەشتە بېخىل بولۇشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنى زاكات بېرىشكە ۋە خەير - سەدىقە قىلىشقا ئەمر قىلىش بىلەن ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە ئىلتىپات ۋەدە قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭ، لېكىن ئۇنىڭغا لايىق بولغانلار ئېرىشىدۇ. ئاللاھ كىمنىڭ رەھمەتكە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە (مەغپىرىتى ۋە ئىلتىپاتىغا) لايىق بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، شەيتانغا ئاسىيلىق قىلىپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا چۈشۈرگەن بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى ئەسلىدە ئۇنى رەھمىتىگە لايىق بولۇشقا چاقىرىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
ھېكمەتنى (ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھېكمەتنى (يەنى پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. كىمگە ھېكمەت بېرىلسە، ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ھېكمەت - توغرا ئىلىم، پايدىلىق ئىلىم، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىلىم دېگەن بولىدۇ. توغرا ئىلىم پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدىلا مەۋجۇت. ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى تۈرلۈك ئايىتى بار: بىرى نازىل قىلغان ئايىتى، يەنە بىرى ياراتقان ئايىتى. ئۇنداقتا، ھېكمەت ھەم قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن ھەم كائىناتتىكى مەخلۇقاتلاردىن ھاسىل قىلىنىدىغان توغرا ئىلىم بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۇنى (ھېكمەتنى) خالىغان كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ھېكمەت بېرىلگەن كىشىگە كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ھېكمەت كىشىنى راست ئېيتىشقا ۋە توغرا ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ھېكمەتنى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە بېرىدۇ، ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئاللاھ بەرگەن ھېكمەتنى ئېسىدە ساقلاپ ھەر دائىم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھېكمەت بېرىلگەن كىشى ھەر ئىشتا راستنى ۋە توغرىنى تاللىغاندەك، ئىقتىسادىي ئىبادىتىنىمۇ تەلەپكە لايىق ئورۇنداشنى تاللايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ نَفَقَةٍ أَوْ نَذَرْتُمْ مِنْ نَذْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُهُ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار ياكى (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى ۋەدە قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملار (زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار ياكى پۇل ـ مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار ياكى نېمىنى ۋەدە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى پۇل ـ مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
نېمە چىقىم قىلساڭلار ياكى قانداق نەزىرنى[77] نەزىر قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
نەزىر - ئاللاھ ئەمر قىلمىغان بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىمەن دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىر قانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىر قانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئۆتەشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىردۇر. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىرەر ياخشى ئىشنى نەزىر قىلىش ۋە قىلغان نەزىرىگە ۋاپا قىلىش ياخشىلارنىڭ سۈپىتىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا مۇكاپات بېرىدۇ. ئەمما رىيا ئۈچۈن مال چىقىم قىلغان، خەير - سەدىقە قىلىپ بولۇپ مىننەت قىلغان ياكى قارشى تەرەپنى رەنجىتكەن زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ ۖ وَإِنْ تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۚ وَيُكَفِّرُ عَنْكُمْ مِنْ سَيِّئَاتِكُمْ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سەدىقىلەرنى[78] ئاشكارا بەرسەڭلار، نېمىدېگەن ياخشى! ئەگەر ئۇلارنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە پېقىرلارغا بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ بەزى يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: سەدىقىلەرنى بەرگەندە ئۇلارنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ تېگىشلىك كىشى ۋە ئورۇنلارغا بەرسەڭلار، بۇ نېمىدېگەن ياخشى سەدىقىلەردۇر، چۈنكى بۇ ھەرىكىتىڭلار باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن پېقىرلارغا بەرسەڭلار، بۇ قىلمىشىڭلار (يەنى بەرگەن مېلىڭلارنىڭ سەدىقە ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇشىڭلار ۋە پېقىرلارغا بېرىشىڭلار) سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىكتۇر، چۈنكى بۇ، پېقىرغا خەير قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ، ھەمدە سىلەرنى رىيادىن ساقلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَيْسَ عَلَيْكَ هُدَاهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۗ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَلِأَنْفُسِكُمْ ۚ وَمَا تُنْفِقُونَ إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ اللَّهِ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىسىلەر (خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس. لېكىن، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ـ ئېھسان قىلىڭلار، پۇل-مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ئۇۋال قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئەمەس. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن چىقىم قىلغان بولىسىلەر. ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا چىقىم قىلىشىڭلار كېرەك. چىقىم قىلغان مېلىڭلارنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئىنسانلار ئىمان جەھەتتە ئوخشاش بولمايدۇ: بەزىلەر رىيا ئۈچۈن خەير - سەدىقە بېرىدۇ، بەزىلەر خەير - سەدىقە قىلىپ بولۇپ مىننەت قىلىدۇ، بەزىلەر بولسا خەير - سەدىقە بەرگەن ئادىمىنى سۆز ياكى پېئىل بىلەن رەنجىتىدۇ، بەزىلەر ناچارلىرىنى بېرىدۇ، بەزىلەر شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھېچ بەرمەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ غەمكىن بولاتتى ۋە ئۇلارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا خەير - سەدىقە قىلىشىنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، ئىنسانلارغا چىقىم قىلغان نەرسىلىرىنىڭ پايدىسى ئۆزلىرىگە بولىدىغانلىقىنى ۋە قىلغان چىقىملىرىدىن پايدا ئېلىشنىڭ شەرتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئىنسانلارنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر. سەن ھەقنى يەتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلار ھىدايەت تاپمىسا ساڭا زىيىنى يوق. ئى مۇئمىنلار! چىقىم قىلغان نەرسەڭلار چىقىم قىلىنغان تەرەپنىڭ ۋاقىتلىق ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك پايدىسى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ. قىلىدىغان چىقىمىڭلارنى پەقەت «ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا چىقىم قىلىشىڭلار كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭدىن پايدا ئالالمايسىلەر. شۇڭلاشقا خەير - سەدىقىنى رىيا ئۈچۈن قىلماڭلار، خەير - سەدىقە قىلدىم دەپ باشقىلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلغان چىقىمىڭلارنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِلْفُقَرَاءِ الَّذِينَ أُحْصِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًا فِي الْأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاءَ مِنَ التَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُمْ بِسِيمَاهُمْ لَا يَسْأَلُونَ النَّاسَ إِلْحَافًا ۗ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير ـ ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير ـ ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى بايمىكىن دەپ قالىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ نامراتلىقىنى ئەپتىدىن بىلىۋالالايسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ. پۇل-مېلىڭلاردىن قانداق نەرسىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ چىقىملار ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان پېقىرلەر ئۈچۈندۇر. ئۇلار زېمىندا سەپەر قىلالمايدۇ. نومۇسىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن[79] بىلمىگەنلەر ئۇلارنى باي دەپ ھېسابلايدۇ. سەن ئۇلارنى سېيماسىدىن تونۇيسەن. ئۇلار ئىنسانلاردىن ئېسىلىۋېلىپ بىر نەرسە تىلىمەيدۇ. قانداق ياخشىلىق چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە چىقىم قىلىنىدىغان نەرسە، چىقىم قىلىش غايىسى ۋە چىقىم قىلىشنىڭ ساۋابى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، چىقىم قىلىشتا بىرىنچى بولۇپ تاللاشقا تېگىشلىك كىشىلەر بىلدۈرۈلىدۇ. ئۇلار بولسىمۇ پېقىر، ئاللاھ يولىدا توختىتىلغان، رىزىق ئىزدەپ زېمىندا ئايلىنالمايدىغان، نومۇسىنى ساقلىغانلىقى (تىلەمچىلىك قىلمىغانلىقى) ئۈچۈن نادانلار باي دەپ ئويلايدىغان، پاراسەت ئىگىلىرى سېيماسىدىن تونۇيدىغان ۋە ئىنسانلاردىن ئېسىلىۋېلىپ بىر نەرسە سورىمايدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدا توختىتىلىشى مۇنۇ ئىككى سەۋەبنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ: 1) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئاللاھ يولىدا توختىتىش (ئىلىم ئۆگىنىش - ئۆگىتىش، ھىجرەت قىلىش ۋە غازات قىلىشتەك بىرەر ياخشى يولغا ئاتاش) بىلەن بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدىكى پېقىر مۇھاجىرلار بولۇپ، قىيامەتكە قەدەر مەزكۇر سۈپەتلەردىكى مۇئمىنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەتتۇر. 2) باشتا ئۆزىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ دەۋەت بىلەن قېتىلغان غازات، تەكلىپ بىلەن قاتنىشىۋاتقان بىرەر ياخشى پائالىيەت ياكى باشقىلار ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن باشلاپ قىلىۋاتقان بىرەر ياخشى ئىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. دۆلەت خادىملىرىدىن، ئەسكەرلەردىن ۋە ئاممىنىڭ ھەر تۈرلۈك ياخشى خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن تىجارەت ياكى ئىشلەش ۋە ياكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق دېگەندەك ئىشلارغا چولىسى تەگمەيدىغان كىشىلەردىن موھتاج بولغانلار ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى بۇلارمۇ ھەم پېقىر ھەم ئۆزلىرى ئاللاھ يولىدا توختىتىلغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ماللىرىنى كېچە ـ كۈندۈز (ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پۇل-ماللىرىنى كېچە ـ كۈندۈز يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ، بۇ يەردە ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىش توغرىسىدا كەلگەن ئاخىرقى ئايەتتۇر. ئالدىنقى ئايەتلەردە نېمىنى چىقىم قىلىش، قانداق چىقىم قىلىش ۋە كىمگە چىقىم قىلىش قاتارلىق ھۆكۈملەر بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئاللاھ يولىدا پۇل - مال چىقىم قىلىشنىڭ ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى بىلدۈرۈلىدۇ: كېچە - كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا. شۇنىڭدەك، ئاللاھ يولىدا لايىق رەۋىشتە پۇل - مال چىقىم قىلغانلارغا يەنە بىر قېتىم خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا كېچە - كۈندۈز، ئاشكارا - يوشۇرۇن، يەنى ھەر پۇرسەتتە ۋە ھەر شەكىلدە چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان كىشىلەر رەببى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىنىدۇ، كېلەچىكى ئۈچۈن ئەندىشە قىلمايدۇ ۋە ئۆتمۈشى ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا ۗ وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا ۚ فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَىٰ فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَمَنْ عَادَ فَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
جازانە، ئۆسۈم يەيدىغان ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: «سودا ـ سېتىقمۇ جازانىگە ئوخشاش» دېدى. ھالبۇكى ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
جازانە يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ): «سودا ـ سېتىق، جازانىگە ئوخشاشتۇر» دېدى. ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
جازانە، ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئېلىم - سېتىم خۇددى ئۆسۈملۈك مۇئامىلىگە ئوخشاشتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئېلىم - سېتىمنى ھالال، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ جازانىخورلۇقتىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۆتنە - يېرىم مۇئامىلىسى، دىرنى قايتۇرغاندا ئۇنىڭ بەلگىلىك نىسبىتى بويىچە ئارتۇق تۆلەش شەرتى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، ئۇ مۇئامىلە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە، دىرنىڭ ئارتۇقى ئۆسۈم، دىرنىڭ ئۆزى (پۇل ياكى ئاشلىق) جازانە دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئاتالغۇ ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق، كۆپەيمەك ۋە ئۆرلىمەك دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ربو»دىن تۈرلەنگەن «رىبا - الربا/الربوا» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كەلىمە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئورنىغا قاراپ مەنە ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: بۇ ئايەتتە جازانە، ئۆسۈم ۋە ئۆسۈملۈك مۇئامىلە دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئېلىم - سېتىم مەنىسىدىكى «بەيئ - بيع»نىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ كەلگەن «رىبا» ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسى، بۇ مۇئامىلە نەتىجىسىدە قەرز بەرگۈچى تەرەپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسە ئۆسۈم، قەرز ئالغۇچى تەرەپ قولغا كەلتۈرگەن نەرسە جازانىدۇر. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ ۋە چەكلىمىنى بىلىپ تۇرۇپ جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ
ئاللاھ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەربىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ جازانىنىڭ پايدىسىنى توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ پايدىسىنى زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق تۇزكور گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ كۇفرىلىقتا ۋە گۇناھتا چىڭ تۇرىدىغانلارنىڭ ھېچبىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە «رىبا» كەلىمىسى «سەدىقىلەر» مەنىسىدىكى «سەدەقات -صدقات» كەلىمىسى بىلەن قارىمۇقارشى بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسى نەتىجىسىدە قەرز ئالغۇچىغا بېرىلگەن ئۆسۈملۈك قەرزنى ئىپادىلەيدۇ. «ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ» - ئاللاھ تائالا ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن باشقىلارغا بېرىلگەن قەرزگە بەرىكەت بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇنى ئاستا - ئاستا يوق قىلىپ، ئاخىرىدا جازانىخورلارنى ئىقتىسادىي كرىزىسكە دۇچار قىلىدۇ. «سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ» - ئاللاھ تائالا باشقىلارغا سەدىقە سۈپىتىدە بېرىلگەن مالنى 700 گە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپكە ئارتتۇرۇپ ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ، سەدىقە قىلىنغان مالغا بەرىكەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئارتتۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆز ئىچىدىكى موھتاجلارغا خەير - سەدىقە قىلىشنى، غېرىب - غۇرۋالارغا خەيرخاھلىق قىلىشنى ۋە يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاشنى داۋاملاشتۇرغان قەۋم مەمۇرچىلىقتا ياشايدۇ. «ئاللاھ كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرغۇچى ۋە گۇناھتا ئەزۋەيلىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ». دېمەككى، يامانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ قىلمىشى كۇفرىلىق، زۇلۇم ۋە گۇناھقا چۆمگەنلىكتۇر. جازاسى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قېلىش ۋە دوزاخقا مەھكۇم بولۇشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇغان ۋە زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەنلەر رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە جازانىخورلارنىڭ دۇنيا - ئاخىرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە كۇفرىلىق بىلەن گۇناھتا چىڭ تۇرىدىغانلارنى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار بولسا، ئاللاھقا ئىشىنىپ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان، يامان ئىشلاردىن ساقلىنىپ ياخشى ئىشلانى قىلغان، بولۇپمۇ بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، پەرز زاكاتنى بېرىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتقا ۋە مەڭگۈ ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ھەقىقي مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى ئالماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتتە «رىبا» كەلىمىسى ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسى نەتىجىسىدە قەرز ئالغۇچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ تېخىچە ئېلىنمىغان ئۆسۈم مەنىسىدە كەلگەن. «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلا، قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار». دېمەككى، مۇئمىن جازانىخورلۇق قىلمايدۇ، ئۆسۈم ئالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ
ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر. ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر جازانە قىلىشتىن تەۋبە قىلساڭلار، قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
«ئەسلىي مال» - قەرز بېرىلگەن مالدۇر. ئېلىم - سېتىمدا ئەسلىي مال بولمايدۇ، چۈنكى ئېلىم - سېتىم، پەرقلىق ئىككى نەرسىنىڭ بىرىگە يەنە بىرىنى تېگىشىشتىن ئىبارەتتۇر. قەرز مۇئامىلىسىدە قەرزنى ئارتۇق تۆلەش شەرت قىلىنغان بولسا، شۇ ئارتۇقىنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولسا بولسۇن، ئۇ ئۆسۈمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيْسَرَةٍ ۚ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر قەرزدار قىينچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
سەدىقە قىلىۋېتىلىدىغان ئېلىش، ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسىنىڭ نەتىجىسىدە قەرزدارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئەسلىي قەرزنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتَّقُوا يَوْمًا تُرْجَعُونَ فِيهِ إِلَى اللَّهِ ۖ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، (يەنى ياخشى ئەمەلى كېمەيتىلىپ، يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان ياخشى ـ يامان ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاخىرەتكە ئىشەنمەسلىك ياكى لايىق رەۋىشتە ئىشەنمەسلىك، شۇنداقلا قىيامەت كۈنىدىن قورقماسلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قەبىھ ھاراملاردىن بىرى بولغان جازانىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە نەسىھەتلەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنىدىن قورقۇشنىڭ لازىملىقى زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كۈندە ھەر ئىنسان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىدىغانلىقى ۋە قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدىغانلىقى ئەسلىتىلىدۇ. بۇ، يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇش لازىملىقىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە تەكىتلىگەنلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 282-ئايەت) گۇۋاھلىق ۋە دەلىل ئاللاھنىڭ ئىلمى قەرز ۋە توختاملار ئادالەت ئاللاھتىن قورقۇشيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَدَايَنْتُمْ بِدَيْنٍ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى فَاكْتُبُوهُ ۚ وَلْيَكْتُبْ بَيْنَكُمْ كَاتِبٌ بِالْعَدْلِ ۚ وَلَا يَأْبَ كَاتِبٌ أَنْ يَكْتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ اللَّهُ ۚ فَلْيَكْتُبْ وَلْيُمْلِلِ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ وَلَا يَبْخَسْ مِنْهُ شَيْئًا ۚ فَإِنْ كَانَ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ سَفِيهًا أَوْ ضَعِيفًا أَوْ لَا يَسْتَطِيعُ أَنْ يُمِلَّ هُوَ فَلْيُمْلِلْ وَلِيُّهُ بِالْعَدْلِ ۚ وَاسْتَشْهِدُوا شَهِيدَيْنِ مِنْ رِجَالِكُمْ ۖ فَإِنْ لَمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّنْ تَرْضَوْنَ مِنَ الشُّهَدَاءِ أَنْ تَضِلَّ إِحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الْأُخْرَىٰ ۚ وَلَا يَأْبَ الشُّهَدَاءُ إِذَا مَا دُعُوا ۚ وَلَا تَسْأَمُوا أَنْ تَكْتُبُوهُ صَغِيرًا أَوْ كَبِيرًا إِلَىٰ أَجَلِهِ ۚ ذَٰلِكُمْ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ وَأَقْوَمُ لِلشَّهَادَةِ وَأَدْنَىٰ أَلَّا تَرْتَابُوا ۖ إِلَّا أَنْ تَكُونَ تِجَارَةً حَاضِرَةً تُدِيرُونَهَا بَيْنَكُمْ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَلَّا تَكْتُبُوهَا ۗ وَأَشْهِدُوا إِذَا تَبَايَعْتُمْ ۚ وَلَا يُضَارَّ كَاتِبٌ وَلَا شَهِيدٌ ۚ وَإِنْ تَفْعَلُوا فَإِنَّهُ فُسُوقٌ بِكُمْ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ وَيُعَلِّمُكُمُ اللَّهُ ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى (كەم ـ زىيادە قىلماي) ئادىللىق بىلەن يازسۇن، خەت بىلىدىغان كىشى (ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك توغرىلىق بىلەن يېزىشىنى) رەت قىلمىسۇن، ئۇ يازسۇن، زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم (يازىدىغان كىشىگە) ئېيتىپ بەرسۇن، (قەرزدار) پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق (گالۋاڭ، ئەقىلسىز، ئىسراپخور) ياكى ئاجىز (كىچىك بالا ياكى بەكمۇ قېرى) بولسا، ياكى (گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن) ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن، سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار (گۇۋاھلىققا) چاقىرىلغان ۋاقتىدا (گۇۋاھ بولۇشتىن) باش تارتمىسۇن. قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە (ھۆكمىدە)، بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر (گۇۋاھلىقنىڭ ئۇنتۇلماسلىقىنى ئەڭ ئىسپاتلىغۇچىدۇر)، گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، ئاللاھنىڭ (ئەمرىگە ۋە نەھيىسىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ (يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۆمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى ھۆججەت قىلىپ يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى بىر پۈتۈكچى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن، پۈتۈكچى ئۇنى يېزىپ بېرىشنى رەت قىلماي، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك يازسۇن، قەرزدار ئادەم ئېيتىپ بەرسۇن، پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرزدار ئادەم گالۋاڭ ياكى كەم ئەقىل ۋە ياكى ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن؛ سىلەر ئاراڭلاردىن ئىككى ئەر كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىققا چاقىرىلغان ۋاقتىدا گۇۋاھ بولۇشتىن باش تارتمىسۇن، قەرز مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئادىللىقتۇر ۋە گۇۋاھلىق ئۈچۈن ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر، گۇمانلىنىپ قالماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن، ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇقول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار، چوقۇم گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە (شۇنداق) تەلىم بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇئمىنلار! ئۆزئارا قەرەللىك قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان بىر كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتمىسۇن، يازسۇن. ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇ رەببى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن، قەرزىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن. ئەر كىشىلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچى ئىككى ئەر بولمىسا، ئۆزۈڭلار رازى بولىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولسۇن. بۇ ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېزىپ قالسا يەنە بىرىنىڭ ئەسلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر پۈتۈكچىلەر! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ساغلام، شۈبھىلەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنى يازمىساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئېلىم - سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىنسانلارنى ئىجتىمائىي ھالدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان قىلىپ ياراتقان ۋە ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئوخشاش قىلمىغان. شۇڭلاشقا ئىنسانلار باي، كەمبەغەل، زەردار، نامرات، دۆلەتمەن، ھاجەتمەن دېگەندەك سىنىپلاردىن تەركىب تاپىدۇ. بايلارنىڭ كەمبەغەل ۋە نامراتلارغا خەير- سەدىقە قىلىشى، قەرز سورىغانلارغا پۈتۈشكەن قەرەل توشقاندا ياكى تاپقان چېغىدا دىرنى قايتۇرۇش شەرتى بىلەن قەرز بېرىپ تۇرۇش ياخشى ئىشتۇر (ساۋابتۇر)، دىرنىڭ بەلگىلىك نىسبىتى بويىچە ئارتۇق تۆلەش شەرتى بىلەن قەرز بېرىشى يامان ئىشتۇر (ھارامدۇر). شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا 14 ئايەتتە (261 ~ 274 - ئايەتلەردە) خەير - سەدىقە قىلىش ھەققىدىكى ھۆكۈم، تەرغىب ۋە نەسىھەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ، ئاندىن يەتتە ئايەتتە (275 ~ 281 - ئايەتلەردە) جازانىخورلۇقنىڭ يامانلىقى، ھۆكمى ۋە ئاقىۋىتى بىلدۈرۈلىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئايەت بىلەن كېيىنكى ئىككى ئايەتتە (282 - ۋە 283 - ئايەتتە) ئۆتنە يېرىم ۋە قەرەللىك قەرز مۇئامىلىسىنىڭ توغرا شەكلى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئەنە شۇ ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن بويىچە ئورنىتىلسا، جەمئىيەتتىكى ھەسەت ھۆرمەتكە، نەپرەت مۇھەببەتكە، زۇلۇم ئادالەتكە، نەپسانىيەتچىلىك مېھىر - شەپقەتكە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەمئىيەتتە ئامانلىق ۋە ئاسايىشلىق ھاكىم بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەدىنىدە نازىل بولغان ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بىلدۈرىدىغان بۇ سۈرىدە بۇ ئۈچ مەسىلە (خەير- ساخاۋەت قىلىش، جازانىخورلۇق قىلماسلىق ۋە ئېلىم - بېرىمنى توغرا قىلىش) توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر بىر يەردە زىكىر قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ (282 -) ئايەت كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك قەرز مۇئامىلە، ئۆتنە - يېرىم، ئېلىم - سېتىم ۋە توختام - كېلىشىملىرى توغرۇلۇق ھۆججەت يېزىپ بېرىش، ئەدلىيە گۇۋاھلىقى تۈزۈپ بېرىش، ھۆججەت ۋە ماتېرىياللىرىنىڭ نۇسخىسىنى كۆپەيتىپ چىقىرىپ بېرىش، تەرجىمە قىلىپ بېرىش ... قاتارلىق كەسىپلەرنى قىلىشنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنى رەسمىي ۋە تەرتىپلىك شەكىلدە يۈرۈتۈش ئۈچۈن (ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىدارىسى، ئەدلىيە گۇۋاھلىقى ئورگىنى دېگەندەك) مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇشنىڭ لازىملىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ، چۈنكى ھەققانىيەت بىلەن يازىدىغان كىشى جەمئىيەتتە بۇ ئىشلارنى توغرا شەكىلدە قىلىش بىلەن تونۇلغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كىشى ئەنە شۇنداق ئىشلارنى رەسمىي شەكىلدە بېجىرىدىغان ۋە بېجىرگەن ئىشى باشقا شەخس ۋە ئورگانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان مەزكۇر مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئەزاسىدۇر. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە بۇ كىشى قەرەللىك قەرز مۇئامىلە ئىشلىرىنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھۇزۇرىدا يېزىشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنْ كُنْتُمْ عَلَىٰ سَفَرٍ وَلَمْ تَجِدُوا كَاتِبًا فَرِهَانٌ مَقْبُوضَةٌ ۖ فَإِنْ أَمِنَ بَعْضُكُمْ بَعْضًا فَلْيُؤَدِّ الَّذِي اؤْتُمِنَ أَمَانَتَهُ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ ۗ وَلَا تَكْتُمُوا الشَّهَادَةَ ۚ وَمَنْ يَكْتُمْهَا فَإِنَّهُ آثِمٌ قَلْبُهُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا) گۆرۈ قويىدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن (يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن)، (قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، پۈتۈكچى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (ھۆججەت ئورنىغا) بىرەر نەرسىنى رەنىگە تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئەگەر بەزىڭلار بەزىڭلارغا ئىشىنىپ (ھۆججەت ياكى رەنە تەلەپ قىلماي) قەرز بەرگەن بولساڭلار، ئۇ چاغدا قەرز ئالغۇچى ئادەم قەرزنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا قايتۇرسۇن، پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ يېزىپ بېرىدىغان ئادەم تاپالمىساڭلار، قەرزداردىن گۆرۈگە بىرەر نەرسە ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر بىر -بىرىڭلارغا ئىشىنىپ قەرز مۇئامىلىسى قىلغان بولساڭلار، ئىشەنچ قىلىنغان كىشى ئامانىتىنى ئادا قىلسۇن[80]، رەببى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار. كىمكى گۇۋاھلىقنى يوشۇرىدىكەن، ئۇنىڭ قەلبى گۇناھكاردۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە ھەر تۈرلۈك قەرز مۇئامىلە، ئۆتنە - يېرىم، ئېلىم - سېتىم ۋە توختام - كېلىشىملەر توغرۇلۇق ھۆججەت يېزىشىش، خەت يېزىشنى بىلمىگەنلەر بىلىدىغانلارغا يازدۇرۇش، ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىش قاتارلىق ھۆكۈملەر تەپسىلىي بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، قەرز بەرگۈچى ۋە قەرز ئالغۇچى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ يېزىپ بېرىدىغان ئادەم تاپالمىسا، قەرز ئالماقچى بولغان تەرەپ قەرز بەرمەكچى بولغان تەرەپكە بىرەر نەرسىسىنى گۆرۈگە قويۇپ، ئىككى تەرەپ قەرز مۇئامىلىسى قىلىشسا، ھەتتا قەرز بەرگۈچى قەرز سورىغۇچىغا ئىشەنسە، يېزىش، گۇۋاھچى ھازىر قىلىش ۋە قەرز سورىغۇچىدىن بىرەر نەرسە گۆرۈگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچ بىرىنى قىلماستىن ئىككى تەرەپ قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېيىتنىڭ قەرزى ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ھۆججەت يېزىپ بېرىپ ياكى گۇۋاھچى ھازىر قىلىپ ئالغان قەرزى، يەنە بىرى ئۆلۈم ئەسناسىدا ئېتىراپ قىلغان قەرزى. بىر - بىرىگە ئىشىنىش بىلەن قىلىنغان قەرز مۇئامىلىسىدە، قەرز بەرگۈچىنىڭ بۇ قەرزنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى، گۇۋاھچى ھازىرلاپ قىلىنغان قەرز مۇئامىلىسىدە، قەرزنىڭ ئىسپاتلىنىشى گۇۋاھچىلارنىڭ ئىنسابىغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئىشىنىپ قەرز بېرىلگەن كىشىنى قەرزنى تۆلەشكە، گۋاھچى بولغانلارنى گۇۋاھچىلىقنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 284-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنْ تُبْدُوا مَا فِي أَنْفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُمْ بِهِ اللَّهُ ۖ فَيَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. دىلىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، ئاندىن خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ ئايىتىگىچە ئىسلام ئاساسلىرىغا (تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت، ناماز، زاكات، روزا، ھەجگە) بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئائىلىۋى ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان ئىشلاردىن مەنئى قىلىدۇ. ئاندىن بۇ ئايەتتە ئۇ بۇيرۇقلارنى قىلىش ۋە چەكلىمىلەرنى قويۇشنىڭ سەۋەبى ماھىيىتىدە ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ ۋە ئىلمى چەكسىز ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنى كەچۈرۈش ۋە ئازابلاش توغرىسىدىكى خاھىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتنىڭ پادىشاھىدۇر. شۇڭلاشقا ئۆز پادىشاھلىقىدىكى نەرسىلەرنى ئۆزى خالىغان بويىچە باشقۇرىدۇ، جۈملىدىن ئىنساننىمۇ ئۆزى خالىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، ئۆزى خالىغان ئىشلاردىن توسىدۇ. دىللاردىكى نىيەت ۋە ئىرادە، سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن ئاشكارا قىلىنسۇن ياكى دىللارغا پۈكۈلگەن پېتى يوشۇرۇن قالسۇن ئاللاھ ئۈچۈن بەرىبىر؛ ئاللاھ ئۇلارنى بىلىدۇ ۋە ھېسابىنى ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ، يەنى يۇقىرىدىكى مەزكۇر بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە بۇيسۇنغانلارغا مەغپىرت، بويسۇنمىغانلارغا ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى بار قىلىدۇ، خالىغىنىنى يوق قىلىدۇ، خالىغىنىغا بۇيرۇيدۇ، خالىغىنىدىن توسىدۇ، چۈنكى «ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 285-ئايەت) پەرىشتىلەر مۇقەددەس كىتابلار ئىمان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھقا ئىتائەتآمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ ۚ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ ۚ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىمىز» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، ئى رەببىمىز! بىز سېنىڭ مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسى رەببى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىشەندى. مۇئمىنلارمۇ قۇرئانغا ئىشەندى. ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەندى ۋە: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز» دېدى. ئۇلار يەنە: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق. رەببىمىز! بىزنى كەچۈرگىن، ئاخىرى سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا قايتىمىز» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا قۇرئاننىڭ «تەقۋادارلارغا ھىدايەت» ئىكەنلىكى، ئاندىن ئۇ تەقۋادارلارنىڭ ئىمانى، ئەمىلى ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. سۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى بۇ ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنىڭ قۇرئانغا ئىشەنگەنلىكى ۋە ئەمەل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا قۇرئاننىڭ ھىدايىتىگە قۇرئانغا توغرا شەكىلدە ئىشىنىش بىلەن، ياخشى ئاقىۋەتكە قۇرئانغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. دېمەككى، بۇ سۈرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قۇرئاننىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرۈش، قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىش، بويسۇنغان ۋە بويسۇنمىغانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىشتۇر. بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان باشقا ئەھكام، ۋەز - نەسىھەت ۋە قىسسەلەر ئىشنىڭ تەپسىلاتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(2-سۈرە بەقەرە، 286-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى دۇئالَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ ۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلْنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِ ۖ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۚ أَنْتَ مَوْلَانَا فَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھېچكىمگە قۇربى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ جازاسىمۇ ئۆزىگىدۇر. ئۇلار يەنە: «ئى رەببىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇپ قالغان ياكى خاتالاشقان بولساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. ئى رەببىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر مەجبۇرىيەت يۈكلىمىگىن. ئى رەببىمىز! قۇربىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە يۈكلىمىگىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. ھەركىم قىلغان ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، قىلغان يامانلىقىنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ. ئۇ ئەلچى ۋە ئۇ مۇئمىنلار مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! ئەگەر ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق بىزنى جازالىمىغىن. رەببىمىز! بىزگە بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن. رەببىمىز! بىزگە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى توشۇتقۇزمىغىن. بىزنى ئەپۇ قىلغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن[81]. سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن». — ئەنەس ئالىم
«ئەپۇ (عفو)»نىڭ لۇغەت مەنىسى ئۆچۈرمەك، سىلىماق، ئالىقىنى بىلەن تۈزلىمەك دېگەن بولىدۇ. ئاتالغۇ (ئىستىلاھىي) مەنىسى بولسا، گۇناھنى ساقىت قىلماستىن جازانى ساقىت قىلماق دېگەن بولىدۇ. «مەغپىرەت (مغفرة)»نىڭ لۇغەت مەنىسى يۆگىمەك، ياپماق، يوشۇرماق دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر. ئاتالغۇ مەنىسى بولسا، جازا بىلەن گۇناھنى ساقىت قىلماق ۋە گۇناھكارنى ھىمايە قىلماق، ساقلىماق، قوغدىماق دېگەن بولىدۇ. مەغپىرەت بىلەن ئوخشاش تومۇر سۆزدىن تۈرلەنگەن مىغفەر (مغفر) كەلىمىسى دۇبۇلغا دېگەن بولىدۇ، چۈنكى دۇبۇلغا جەڭدە باشنى قىلىچتىن، ئوقتىن ساقلاش ئۈچۈن باشقا كىيىلىدىغان ۋە تۆمۈردىن ياسالغان باش كىيىمىدۇر. دېمەك، مەغپىرەتنىڭ مەنىسى ئەپۇنىڭ مەنىسىدىن كەڭدۇر. ئەپۇنىڭ ئىچىدە مەغپىرەتنىڭ مەنىسى يوق، لېكىن مەغپىرەتنىڭ ئىچىدە ئەپۇنىڭ مەنىسى بار. بۇ يەردىكى «مەرھەمەت»- ئاللاھ تائالانىڭ «رەھىم - الرحيم» ئىسمى بىلەن ئاتا قىلىدىغان خۇسۇسىي ئىنئام ۋە ئىلتىپاتىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇ دۇئادا ئاللاھتىن تىلەنگىنى پۈتۈن جانلىقلارغا ئاتا قىلىدىغان ئومۇمىي مەرھەمىتى ئەمەس، ئەكسىچە سەمىمىي تەۋبە قىلغانلارغا ئاتا قىلىدىغان خۇسۇسىي مەرھەمىتىدۇر. مەرھەمەت تىلىكىنىڭ ئەپۇ ۋە مەغپىرەت تىلەكلىرىدىن كېيىن كېلىشىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئايەتتە ئەپۇ، مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت تىلەكلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى تەرتىپ بىلەن كېلىشى ۋە بۇ ئۈچ كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىلىرى دالالەت قىلىدۇكى، «بىزنى ئەپۇ قىلغىن»نىڭ مەنىسى بىزنى جازالىمىغىن دېگەن بولىدۇ، «بىزگە مەغپىرەت قىلغىن»نىڭ مەنىسى بىزنى جازالىماسلىق بىلەن بىرگە، بىزنى ھىمايەڭگە ئالغىن، بىزنى قوغدىغىن ۋە بىزنى نىجاتلىققا ئىرىشتۈرگىن دېگەن بولىدۇ. «بىزگە مەرھەمەت قىلغىن»نىڭ مەنىسى بىزگە ئىنئام قىلغىن، بىزگە ئىلتىپات قىلغىن، بىزگە ئۆز پەزلىڭدىن ياخشىلىق ئاتا قىلغىن دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى