ئەئراف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 206 ئايەت
مەنىسى: جاي ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: جەننەت بىلەن دوزاق ئوتتۇرسىدىكى پاسىل. يەنى ئەئراف زىكىر قىلىنغان(48~49-ئايەتلەر)
  1. (7-سۈرە ئەئراف، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ المص
    ئەلىف، لام، مىم، ساد — مۇھەممەد سالىھ

    ئەلىف، لام، مىم، ساد (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇننىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلىف، لام، مىم، ساد.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەلىف، لام، مىم، ساد. . ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. كِتَابٌ أُنْزِلَ إِلَيْكَ فَلَا يَكُنْ فِي صَدْرِكَ حَرَجٌ مِنْهُ لِتُنْذِرَ بِهِ وَذِكْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
    (ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) بۇ قۇرئان (كافىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن (ئۇنى يەتكۈزۈشتىكى) قىيىنچىلىقلاردىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن[1] يۈرىكىڭدە ھېچ سىقىلىش بولمىسۇن. بۇ، سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ مۇئمىنلارغا ئەسلىتىش بولۇشى ئۈچۈندۇر[2].‏ — ئەنەس ئالىم

    (2-3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرىكى ئىككى سەۋەبتىن سىقىلاتتى: بىرى مۇشرىكلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىشى، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامغا) ھاقارەت قىلىشى. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتنىڭ بىرىدە (2 - ئايەتتە) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، نەسىھەت قىلىدۇ، ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدۇ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. يەنە بىرىدە (3 - ئايەتتە) بارلىق ئىنسانلارنى قۇرئانغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە قۇرئانغا قارشى گەپ قىلىدىغان ۋەلىيلەرگە (باشلىق، شەيتان ۋە مۆتىۋەر ھېسابلىنىدىغان كىشىلەرگە) ئەگىشىشتىن توسىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئان ساڭا تەرىپىمىزدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. قەۋمىڭ بۇ كىتابنى بىزنىڭ نازىل قىلغانلىقىمىز توغرىسىدا شۈبھە قىلدى، سېنىڭ بۇ توغرىدا ھېچ شۈبھەڭ بولمىسۇن. سەن پەيغەمبەرلىك ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يەتكۈزگەن چېغىڭدا قەۋمىڭ ساڭا ھاقارەت قىلىش ۋە ھەقسىز تەلەپلەرنى قويۇش بىلەن يۈرىكىڭنى سىقتى، سېنى خاپا قىلدى ۋە رەنجىتتى. ئۇلار ئىمان ئېيتمىسا ئەپسۇسلىنىپ بىئارام بولۇۋاتىسەن. بۇ سېنى ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ تەنە - ھاقارەتلىرىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن. تەبلىغ قىلسام يەنە ئۇلار قالايمىقان گەپ قىلىدۇ، ھەقسىز تەلەپلەرنى قويىدۇ دەپ بۇ كىتابنى تەبلىغ قىلىشتىن بوشاشمىغىن، ئەكسىچە تەبلىغنى داۋاملاشتۇرغىن، ئىمان ئېيتمىسا ئەپسۇسلانمىغىن، ئۆزۈڭگە ئارام بەرگىن، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ سېنىڭ تەبلىغىڭنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ئەركىنلىكى بار، بەزىلەر بۇ ئەركىنلىكىنى رەت قىلىشتا ئىشلىتىدۇ. شۇڭلاشقا سەن ھەرھالدا تەبلىغ قىلغىن، «سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەتلا تەبلىغ قىلىشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر». ئى ئىنسانلار! رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار، يەنى ئاللاھ قۇرئاندا بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار، قىلغان نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىڭلار، بايان قىلغان قىسسەلەردىن ئىبرەت ئېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (7-سۈرە ئەئراف، 3-ئايەت) توغرا يول قۇرئانغا ئەگىشىش
    اتَّبِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ ۗ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
    (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھتىن باشقا كىشىگە ئىگەم دەپ ئەگەشمەڭلار. سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى بەكمۇ ئاز قوبۇل قىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئەگىشىڭلار، رەببىڭلارنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە ئەگەشمەڭلار. بەك ئاز ئويلىنىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

  4. وَكَمْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا فَجَاءَهَا بَأْسُنَا بَيَاتًا أَوْ هُمْ قَائِلُونَ
    بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز قانچىلىغان شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز نۇرغۇن يۇرت ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلدۇق. شىددەتلىك ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىدە يېتىۋاتقان چاغلىرىدا ياكى چۈشتە ئارام ئېلىۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (4-7) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىش ۋەزىپىسى، ئىنسانلارنىڭ دەۋەتنى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەردە دەۋەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى دۇنيادا بېشىغا بالا كېلىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. قىيامەت كۈنىدە پۈتكۈل ئۇممەتلەرنى ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ قىلمىغانلىق توغرىسىدا سوئال - سوراق قىلىدىغانلىنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنكارچىلار! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى: بىز ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىسىنى ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ دەۋەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلغان ئىدۇق. شىددەتلىك ئازابىمىز ئۇلارنىڭ بەزىسىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى، بەزىسىگە كۈندۈزى چۈشتە ئارام ئېلىۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى شىددەتلىك ئازابىمىز كەلگەندە، خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن بۇنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، چۈنكى ۋاقىت چازا چېكىش ۋاقتى ئىدى. بىز گۇناھكالارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭلاركى: بىز قىيامەت كۈنى، تەرىپىمىزدىن ئەلچى ئەۋەتىلگەن ئۇممەتلەردىن، كەلگەن ئەلچىلىرىمىزنىڭ دەۋىتىگە نېمە دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىڭلار؟ دەپ سورايمىز، ئەلچىلىرىمىزدىن، دەۋىتىڭلارغا قەۋمىڭلار نېمە دەپ جاۋاب بەرگەن؟ دەپ سورايمىز. ئاندىن بىز ئەلچىلىرىمىزگىمۇ، ئۇلارنىڭ قەۋملىرىگىمۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنى بىلدۈرۈپ ئۇلاردىن ھېساب ئالىمىز، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق، ھەر سۆز - ھەرىكىتىنى يازدۇرۇپ، كۆڭۈللىرىگە كەلگەن نەرسىنى بىلىپ تۇراتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. فَمَا كَانَ دَعْوَاهُمْ إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا إِلَّا أَنْ قَالُوا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
    بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىپتۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شىددەتلىك ئازابىمىز كەلگەن چاغدىكى پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىملار ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  6. فَلَنَسْأَلَنَّ الَّذِينَ أُرْسِلَ إِلَيْهِمْ وَلَنَسْأَلَنَّ الْمُرْسَلِينَ
    بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەرنى سوئال-سوراق قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئەلچى ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى سوئال - سوراق قىلىمىز[3]، ھەمدە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى سوئال - سوراق قىلىمىز[4].‏ — ئەنەس ئالىم

  7. (7-سۈرە ئەئراف، 7-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئىلمى
    فَلَنَقُصَّنَّ عَلَيْهِمْ بِعِلْمٍ ۖ وَمَا كُنَّا غَائِبِينَ
    (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇرمىز) — مۇھەممەد سالىھ

    (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ئەينەن ئېيتىپ بېرىمىز، (چۈنكى) بىز ئۇلار بىلەن بىللە ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى بىلگىنىمىز بويىچە ئۆز پېتى ئېيتىپ بېرىمىز. چۈنكى بىز دائىم ئۇلار بىلەن بىللە ئىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

  8. (7-سۈرە ئەئراف، 8-ئايەت) ھىساب مىزان (تارازا)
    وَالْوَزْنُ يَوْمَئِذٍ الْحَقُّ ۚ فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى (يامان ئىشلىرىدىن) ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئەمەللەرنىڭ تارتىلىشى ھەقتۇر. مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (8-9) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە قىيامەت كۈنىدىكى سوئال - سوراقنى بىلدۈرۈپ ئىنسانلارنى، خۇسۇسەن مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابنىڭ باشقا بىر باسقۇچى بولغان «ئەمەللەرنىڭ ئىلاھىي تارازىدا تارتىلىشى»نى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىلىشى ھەق ۋە راستتۇر؛ بىز توغرا تارتىدىغان تارازىلارنى قويىمىز، ھېچكىمگە ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ، قىلىنغان ئەمەل بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ بىز ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز ۋە ھېسابىنى ئالىمىز. تارازىدا كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلسە مۇرادىغا يېتىدۇ، كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلسە زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَظْلِمُونَ
    ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مىزاندا ياخشىلىقلىرى يېنىك كەلگەنلەر ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە زىيان سالغان كىشىلەردۇر. ‏ — ئەنەس ئالىم

  10. وَلَقَدْ مَكَّنَّاكُمْ فِي الْأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ ۗ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى زېمىندا ماكانلاشتۇردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازېمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق پەرۋەردىگارىڭلارغا) سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىۋاتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت بەردۇق ۋە زېمىندا سىلەرگە ھەر خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدۇق. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (10-11) ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئىنسانلارنى قۇرئانغا بويسۇنۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇغاندىن كېيىن، ئۇلارنى دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ئازابقا يولۇقۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە بولسا، ئۇلارغا نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ ۋە بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشلىرى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى زېمىنغا ئورۇنلاشتۇردۇق، سىلەرگە زېمىندا ھەر تۈرلۈك ئىمكانلارنى ئاتا قىلدۇق ۋە خالىغان ئىشىڭلارنى قىلىشقا يېتىدىغان كۈچ بەردۇق، سىلەرگە زېمىندا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بار قىلدۇق: يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، ئۆي - بىسات، قارارگاھ ۋە ئارامگاھلار... ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!. شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى يوقتىن يارىتىش ۋە ئەڭ چىرايلىق شەكىلگە كىرگۈزۈش ۋە پەرىشتىلەرنى ئاتاڭلار ئادەمگە سەجدە قىلدۇرۇش (ئېھتىرام قىلدۇرۇش) قاتارلىق نېمەتلەرنىمۇ ئاتا قىلدۇق. بىز پەرىشتىلەرنى ئاتاڭلارغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىبلىس سەجدە قىلمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىبلىس سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلارغا ئايلانغان ئىدى. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئىبلىسكە ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئەگىشىپ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلامسىلەر؟! . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ لَمْ يَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
    شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئۇلار سەجدە قىلدى. پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن كېيىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق. ئاندىن كېيىن پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا، ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  12. (7-سۈرە ئەئراف، 12-ئايەت) كىبىر ئادەم
    قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ ۖ قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
    ئاللاھ (ئىبلىسقا): ‹‹سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ (ئىبلىسقا): «مەن سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سەن نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلمىغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن «ئادەمگە نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟ ساڭا ‹سەجدە قىل› دەپ قىلغان بۇيرۇقۇمغا نېمىشقا بويۇنتاۋلىق قىلىسەن؟» دەپ سورىدى، ئىبلىس: «مەن ئادەمدىن ياخشى» دەپ جاۋاب بەردى، ئاندىن بۇ باتىل دەۋاسىغا ئۆزىچە دەلىل كەلتۈرۈپ: «مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئادەمنى لايدىن ياراتتىڭ. ئوت لايدىن ئۈستۈن، شۇڭلاشقا ئادەمگە سەجدە قىلمىدىم، چۈنكى ئۈستۈننىڭ تۆۋەنگە سەجدە قىلىشى مۇۋاپىق بولمايدۇ» دېدى. ئەسكەرتىش: ئىبلىس پەرىشتىلەردىن ئەمەس، جىنلاردىن بولغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلەرگە قىلغان، «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقى ئىبلىسنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئىبلىسكە ئادەمگە سەجدە قىلىشى توغرىسىدا ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ ئايەت بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىدۇ. بۇنى، 18- سۈرە (كەھف)نىڭ 50 - ئايىتى ۋە 34 - سۈرە (سەبەئـ)نىڭ 40 -، 41 - ئايەتلىرى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئايەتلەردە ئىبلىسنىڭ جىنلاردىن ئىكەنلىكى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ جىن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (7-سۈرە ئەئراف، 13-ئايەت) كىبىر ئادەم
    قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَنْ تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ
    ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشقا ھەققىڭ يوق، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەرنىڭ بىرىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (13-15) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى جازالاپ ھۇزۇرىدىن چۈشۈپ كېتىشكە بۇيرۇدى ۋە بۇ جازاغا ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېيتتى، ئاندىن بۇيرۇقنى تەكرارلاپ ئۇنىڭغا خار بولۇش ۋە ھاقارەت قىلىنىشقا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىبلىس ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ جازاغا دۇچار قىلىنىشىغا ئادەمگە سەجدە قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئاللاھتىن قىيامەتكە قەدەر مۆھلەت تەلەپ قىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (7-سۈرە ئەئراف، 14-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ۋەسۋەسە
    قَالَ أَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    ئىبلىس: ‹‹ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگۈچە (يەنى قىيامەت كۈنىگۈچە) مۆھلەت بەرگىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبلىس: «ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە مۆھلەت بەرگىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبلىس: «ماڭا ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  15. (7-سۈرە ئەئراف، 15-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ۋەسۋەسە
    قَالَ إِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
    ئاللاھ: ‹‹ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ: «ساڭا چوقۇم مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (15-17) ئىبلىس ئېيتتى: «ئى ئاللاھ! سەن ماڭا بۇ ئادەمنىڭ سەۋەبىدىن ئازغۇن دەپ ھۆكۈم قىلدىڭ ۋە جازالىدىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى: «ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن، ئاندىن ھەر تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇب بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا تىرىشىمەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى نېمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلمايدۇ، شۇنداقلا يولۇڭدا ماڭمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (7-سۈرە ئەئراف، 16-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ۋەسۋەسە
    قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ
    ئىبلىس ئېيتتى: ‹‹ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ سەۋەبلىك ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبلىس ئېيتتى: «سەن مېنى گۇمراھلىقتا قالدۇرغانلىقتىن، مەن ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبلىس ئېيتتى: «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، سەن مېنى ئازدۇرغان سەۋەبتىن مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  17. (7-سۈرە ئەئراف، 17-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ۋەسۋەسە
    ثُمَّ لَآتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ ۖ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ
    ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن›› — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭ يېنىدىن، سول يېنىدىن ھۇجۇم قىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن[5]. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكرى قىلمايدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

  18. قَالَ اخْرُجْ مِنْهَا مَذْءُومًا مَدْحُورًا ۖ لَمَنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكُمْ أَجْمَعِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە (رەھمىتىمدىن) مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن›› — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «جەننەتتىن خارلانغان ۋە قوغلانغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مۇنداق دېدى: «چىق ئۇ يەردىن، خارلاندىڭ ۋە قوغلاندىڭ. قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئۇلاردىن كىم ساڭا ئەگەشسە، جەھەننەمنى ھەممىڭلار بىلەن تولدۇرىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئىبلىسكە ئېيتتى: «ھۇزۇرۇمدىن قوغلانغان، نەپرەت قىلىنغان ۋە ئەيىبلەنگەن ھالدا چىقىپ كەت! مەنمۇ قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى: ئادەمنىڭ ئەۋلادىدىن كىم ساڭا ئەگىشىدىكەن، ئۇلارنى ۋە سېنى جەھەننەمگە تاشلايمەن ۋە جەھەننەمنى ھەممىڭنى تاشلاپ تولدۇرىمەن». ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى ۋە ئىبلىسنى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئىبلىسنىڭ سەجدە قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن سەجدە قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ، ئىبلىس ئۆزىنى ئاقلاپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەر، ئادەم ۋە ئىبلىس بولغان ئو سورۇندا ئىبلىسنى ھۇزۇرىدىن خارلانغان ۋە قوغلانغان ھالدا چىقىپ كېتىشكە، ئادەمنى جۈپتى (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە قېلىپ شۇ يەرگە ئورۇنلىشىشقا، ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەردىن خالىغانچە يېيىشكە، لېكىن بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىگە يېقىنلاشماسلىققا (مېۋىسىدىن يېمەسلىككە) بۇيرۇيدۇ، ناۋادا ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. ئىبلىس ئىززەت - ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپ خورلانغان ھالدا ئۇ جەننەتتىن چىقىپ كېتىدۇ. ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا بولسا، ئۇ جەننەتتە قالىدۇ ۋە ياشاشقا باشلايدۇ. ئاندىن ئىبلىس قوغلانغان شەيتان سۈپىتى بىلەن ئادەمگە ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋاغا يېقىنلىشىپ، ئۇلارنى تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلەر بىلەن مەزكۇر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشكە كۈشكۈرتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە، ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئىكەنلىكىگە دائىر ئايرىم قەسەم قىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يەيدۇ. ئىككىسى ئاللاھ تائالانىڭ تەنقىدلىشى ۋە ئەيىبلىشى بىلەن خاتالىقىنى تونۇپ تەۋبە قىلغان ۋە تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۇ جەننەتتىن چۈشۈپ كېتىشكە بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئىككىسىنىڭ قىيامەتكە قەدەر دۇنياغا كېلىدىغان ئەۋلادلىرىنىڭ شەيتاننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (7-سۈرە ئەئراف، 19-ئايەت) ئىلاھىي سىناق ئادەم
    وَيَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ فَكُلَا مِنْ حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
    ‹‹ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ بىلەن بىللە جەننەتتە تۇرغىن، (ئىككىڭلار) جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار؛ بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئۇۋالچىلىق تېپىۋالىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئى ئادەم! سەن جۈپتىڭ بىلەن بىللە جەننەتكە يەرلەشكىن. ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار. لېكىن شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبلىس، ئاللاھنىڭ «ئادەمگە سەجدە قىل» دېگەن بۇيرۇقىغا بويۇنتاۋلىق قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا «ئۇ يەردىن خارلانغان ۋە قوغلانغان ھالدا چىقىپ كەتكىن!» دېدى. ئادەمگە بولسا، «جۈپتىڭ بىلەن ئۇ يەرگە يەرلىشىڭلار، نازۇنېمەتلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، لېكىن شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىگە يېقىنلاشماڭلار (مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، يېقىنلاشساڭلار ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغان، شۇنداقلا جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغانلاردىن بولىسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. فَوَسْوَسَ لَهُمَا الشَّيْطَانُ لِيُبْدِيَ لَهُمَا مَا وُورِيَ عَنْهُمَا مِنْ سَوْآتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَاكُمَا رَبُّكُمَا عَنْ هَٰذِهِ الشَّجَرَةِ إِلَّا أَنْ تَكُونَا مَلَكَيْنِ أَوْ تَكُونَا مِنَ الْخَالِدِينَ
    ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر›› — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن، شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن شەيتان ئۇ ئىككىسىگە ۋەسۋەسە قىلدى، مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئۇلارغا ئاشكارىلاش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىڭلار ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى پەقەت ئىككى پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى مەڭگۈ ياشىغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈنلا چەكلىدى».‏ — ئەنەس ئالىم

    (20-21) ئادەم جۈپتى ھەۋۋا بىلەن ئۇ جەننەتكە ئورۇنلىشىپ شۇ يەردىكى نازۇنېمەتلەردىن ئىستېمال قىلىپ ياشاشقا باشلىغاندىن كېيىن، شەيتان ئىبلىس ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشقا قىزىقتۇردى، مەقسىتى ئىككىسىگە ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ كىيىملىرىنى سالدۇرۇش ۋە بىر - بىرىگە ئۇياتلىق يەرلىرىنى كۆرسىتىش ئىدى. شۇنىڭدەك، شەيتان ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا، «ئاللاھنىڭ سىلەرنى بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشتىن مەنئى قىلىشى سىلەر ئىككىڭلارنىڭ پەرىشتە بولۇپ قېلىشىڭلارنى ياكى بۇ يەردە مەڭگۈ ياشىغۇچىلاردىن بولۇپ كېتىشىڭلارنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈندۇر، چۈنكى بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن كىشى ئەنە شۇ ئىككى ئالاھىدىلىكتىن بىرىگە ئېرىشىدۇ» دېدى ۋە بۇ گەپنى ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكى ئۈچۈن ئېيتقانلىقىغا دائىر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم قەسەم قىلىپ بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. وَقَاسَمَهُمَا إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ النَّاصِحِينَ
    شۇنىڭدەك ئۇلارغا: ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى — مۇھەممەد سالىھ

    ھەمدە ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەمدە ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى.‏ — ئەنەس ئالىم

  22. فَدَلَّاهُمَا بِغُرُورٍ ۚ فَلَمَّا ذَاقَا الشَّجَرَةَ بَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۖ وَنَادَاهُمَا رَبُّهُمَا أَلَمْ أَنْهَكُمَا عَنْ تِلْكُمَا الشَّجَرَةِ وَأَقُلْ لَكُمَا إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمَا عَدُوٌّ مُبِينٌ
    ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟›› دەپ نىدا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن) چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇلار دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندە ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ (مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەيتان شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئالداپ تۆۋەنگە چۈشۈردى. ئىككىسى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان ھامان ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولدى، ئىككىسى ئۈستىلىرىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى، رەببى ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى چەكلىمىگەنمۇ ۋە ئىككىڭلارغا، شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمۇ؟» دەپ نىدا قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنداق قىلىپ شەيتان ئىبلىس ئۇلارنى مەزكۇر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشكە ئاستا - ئاستا كۆندۈردى. ئاخىرى ئادەم بىلەن ھەۋۋا ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدى ۋە دەرھال ئۇياتلىق يەرلىرى ئېچىلدى - دە، ئىككىلىسى ئۇ يەرلىرىنى يۆگەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن ئېلىپ ئۈستىلىرىگە چاپلاشقا باشلىدى. ئاللاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرنى بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشتىن توسمىغانمۇ، شەيتاننىڭ ئاشكارا دۈشىمىنىڭلار ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغانمۇ؟!» دەپ كايىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (7-سۈرە ئەئراف، 23-ئايەت) دۇئا ئادەم تەۋبە قىلىش
    قَالَا رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنْفُسَنَا وَإِنْ لَمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز›› دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىككىسى: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئادەم بىلەن ھەۋۋا ئاللاھتىن تەنقىد ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ: «رەببىمىز! بىز ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر بىزگە مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (7-سۈرە ئەئراف، 24-ئايەت) خەلىپە ئادەم
    قَالَ اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
    ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر›› — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «چۈشۈڭلار. بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىدىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    (24-25) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا: «چۈشۈپ كېتىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن بىر - بىرىڭلارغا دۈشمەن بولىسىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا تۇرالغۇ جايلار ۋە ئەجىلىڭلار توشقۇچىلىك تۇرمۇشۇڭلارنى قامدايدىغان لازىمەتلىك نەرسىلەر بار. زېمىندا كۆپىيىسىلەر ۋە ياشايسىلەر، زېمىندا ئۆلىسىلەر ۋە زېمىنغا دەپنە قىلىنىسىلەر، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ زېمىندىن چىقىرىلىسىلەر» دېدى. بۇ يەردە شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى، ئاللاھ تائالانىڭ «چۈشۈپ كېتىڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقى كۆپلۈك بۇيرۇق پېئىلى فورمىسىدا كەلگەن بولسىمۇ، مەنىسى ئىبلىسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، چۈنكى ئىبلىسقا بۇ توغرىدا بېرىلگەن بۇيرۇق يۇقىرىدا 13 - ۋە 18 - ئايەتلەردە ئايرىم زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىبلىسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى دەلىللەرمۇ تەكىتلەيدۇ: 1) ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋاغا بېرىلگەن بۇ بۇيرۇق باشقا بىر ئايەتتە ئىككىلىك فورمىسىدا كېلىدۇ. 2) ئۇ ئىككى خىل فورمىدا كەلگەن بۇ بۇيرۇقلارنىڭ ھەر بىرىدىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ «بۇنىڭدىن كېيىن مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزى كېلىدۇ. ئىبلىس بولسا، ھىدايەتكە ئەگەشمەيدۇ ۋە ئەسلا نىجاتلىققا ئېرىشمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىنىش بىلەن بىرگە قىيامەتكە قەدەر خورلىنىش ۋە لەنەتلىنىشكىمۇ مەھكۇم قىلىنغان. 3) ئاللاھ تائالا ئىبلىسقا ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېتىش ئەمرىنى چۈشۈرگەن چاغنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭغا «سېنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭنى دوزاخقا تاشلايمەن» دېگەن مەنىدىكى ھۆكمىنى بىلدۈرگەن. 4) بىر ئايەتتە، قىيامەت كۈنى ھېسابتىن كېيىن ئىبلىسنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى ۋە دوزاختا ئۇنىڭ شەيتانلىق سۈپىتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىگە قىسقىلا بىر نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، ئىبلىس قىيامەتكە قەدەر ئازدۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. ئۇنداقتا، «چۈشۈپ كېتىڭلار» دېگەن بۇيرۇق ئادەمنى، ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر دۇنياغا كېلىدىغان بارلىق ئەۋلادىنى كۆرسىتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئىبلىس ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن خارلانغان ھالدا قوغلانغاندىن كېيىن ئادەمنى ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋانى مەزكۇر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا قانداق شەكىلدە كەلگەنلىكى توغرىسىدا بىرەر مەلۇمات يوق، لېكىن پەرقلىق بىرقانچە رىۋايەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولىسى ئەپسانە ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئادەم ۋە ھەۋۋانى سىناش ئۈچۈن ئىبلىسقا (شەيتانغا ئايلانغاندىن كېيىن) شەيتانلىق سۈپىتى بىلەن خار ۋە پەس شەكىلدە ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولسا كېرەك (ۋەللاھۇ ئەئلەم). ئاللاھ تائالا 3 - ئايەتتە بارلىق ئىنسانلارنى قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرۇغاندىن كېيىن، 25 - ئايەتكىچە ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدىكى ھېسابنى بىلدۈرىدۇ، بەزى ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىدىن بىر بۆلۈمنى بايان قىلىپ ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ نەسلىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 26 - ۋە 27 - ئايەتلەردە بولسا، ئىنسانلارغا باشقا بىر نېمىتىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئىبلىسقا ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە (شەيتانلارغا) ئالدانماسلىققا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. (7-سۈرە ئەئراف، 25-ئايەت) تىرىلىش خەلىپە
    قَالَ فِيهَا تَحْيَوْنَ وَفِيهَا تَمُوتُونَ وَمِنْهَا تُخْرَجُونَ
    ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلۈسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر›› — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلىسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «ئۇ يەردە ياشايسىلەر، ئۇ يەردە ئۆلۈسىلەر ۋە ئۇ يەردىن چىقىرىلىسىلەر» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.‏ — ئەنەس ئالىم

  26. يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنْزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآتِكُمْ وَرِيشًا ۖ وَلِبَاسُ التَّقْوَىٰ ذَٰلِكَ خَيْرٌ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
    ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى ـ مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، شۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھىمىتىنى) ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قالدۇرغان ئالامەتلىرىدىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئادەم ئەۋلادى! بىز سىلەرگە ئەۋرەت يەرلىرىڭلارنى ياپىدىغان كىيىم ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان كىيىم چۈشۈرۈپ بەردۇق. تەقۋادارلىق كىيىمى ئەڭ ياخشىدۇر[6]. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئۇلار ئويلانغاي.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئادەم ئەۋلادى! خۇسۇسەن ئى مەككە مۇشرىكلىرى! بىز سىلەرگە ئۇياتلىق يەرلىرىڭلارنى يۆگەيدىغان ۋە سىلەر زىننەتلىنىدىغان ئىككى تۈرلۈك كىيىم ئاتا قىلدۇق. لېكىن بۇ كىيىملەردىنمۇ ياخشى بولغان ئۈچىنچى بىر كىيىم بار بولۇپ، بۇ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشتىن ئىبارەت مەنىۋى كىيىمدۇر، بۇ كىيىم بىلەنمۇ زىننەتلىنىشنى ئۇنتۇماڭلار. يەنى سىلەر ئاۋۋالقى ئىككى تۈرلۈك كىيىمنى كىيىش بىلەن بەدىنىڭلارنى يۆگەپ، ئۇنى سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن ۋە يالىڭاچ قېلىشتىن ساقلايسىلەر، شۇنداقلا ئۇنى زىننەتلەيسىلەر. تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى كىيىمىنى كىيىش ئارقىلىق روھىڭلارنىڭ گۇناھقا بولغان ئىنتىلىشلىرىنى يۆگەش (تىزگىنلەش)، ئۇنى شېرىك، يامان خۇي ۋە ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىشىڭلار، شۇنداقلا ئۇنى تەۋھىد، ياخشى خۇي ۋە گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. ئەنە شۇ نېمەتلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە مەرھەمىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر. سىلەر بۇ دەلىللەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ ئەزىمىتىنى ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بولۇشتا يەككە - يېگانە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەيسىلەر، شۇنداقلا ئۇ نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلغايسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (7-سۈرە ئەئراف، 27-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئادەم
    يَا بَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُمْ مِنَ الْجَنَّةِ يَنْزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآتِهِمَا ۗ إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ ۗ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرۋەتمىسۇن. شەيتان ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتان ئاتا - ئاناڭلارنىڭ[7] ئەۋرەت يەرلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئالدىمىسۇن، چۈنكى شەيتان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى سىلەر ئۇلارنى كۆرمەيدىغان يەردىن سىلەرنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ۋەلىيلىرى قىلدۇق[8].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتان ئۆز ۋاقتىدا تۇنجى ئاتا - ئاناڭلارنى ئالداپ كىيىملىرىنىڭ سېلىنىشىغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىپ ياشاۋاتقان جەننىتىدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە سەۋەبچى بولغان. ئەنە شۇ شەيتان ھازىر سىلەرنى ئالداش ئۈچۈن پائال غەيرەت كۆرسەتمەكتە. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئالدانماڭلار ۋە ئۇنىڭ ھېچبىر دەۋىتىنى قوبۇل قىلماڭلار. ئەكسى تەقدىردە ئۇ سىلەرنى مەزكۇر نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش دائىرىسىدىن چىقىرىپ كۇفرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە سىلەر نېمەتلەردىن مەھرۇم قالىسىلەر. دىققەت قىلىڭلار ۋە ناھايىتى پەخەس بولۇڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر ھېس قىلمىغان يەرلەردىن، سىلەر ئويلىمىغان ئۇسۇللار بىلەن يېنىڭلارغا كېلىدۇ. سىلەر ھەقتە مەھكەم تۇرساڭلارلا ئۇلار سىلەرگە ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ، چۈنكى بىز ئۇلارنى لايىق رەۋىشتە مۇئمىن بولمىغانلارنىڭ دوستلىرى، يېقىنلىرى ۋە ھامىيلىرى قىلىپ قويدۇق. ئاللاھ تائالا 27 - ئايەتتە شەيتانلارنى، لايىق رەۋىشتە مۇئمىن بولمىغانلارنىڭ ۋەلىيلىرى قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 28 ~ 30 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەبىھلىكىگە كۆرسەتكەن باھانىسىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە، ھەقىقەتنى بايان قىلىشقا، ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىشقا ۋە ئۆلگىنىدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسلىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىشتىكى ئادالىتىنى تونۇتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. وَإِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً قَالُوا وَجَدْنَا عَلَيْهَا آبَاءَنَا وَاللَّهُ أَمَرَنَا بِهَا ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ ۖ أَتَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىدا: ‹‹ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان›› دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ‹‹ئاللاھ (بەندىلىرىنى) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆزلىرىڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتامسىلەر؟›› — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىرىدا: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى بىلگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى، «ئاللاھ (بەندىلىرىنى) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن ئېيتامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بىرەر قەبىھ ئىش قىلسا: «ئاتا - بوۋىلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھەرگىزمۇ قەبىھ ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھقا چاپلامسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ دوست ۋە ھامىيسى قىلىۋالغان ئۇ ئادەملەر (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، بەيتۇللاھنى يالىڭاچ تاۋاپ قىلىش ۋە ھالالنى ھارام قىلىشقا ئوخشىغان) بىرەر قەبىھ ئىش قىلسا، «بۇنى ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ قىلغان، بىزنى بۇنىڭغا ئاللاھ بۇيرۇغان» دەپ ئۆزىچە دەلىل كەلتۈرىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ بەندىلىرىنى قەبىھ ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئەكسىچە ئاللاھ قەبىھ ئىشلاردىن توسىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئەمەلىيەت شۇكى: سىلەر بۇ قەبىھ ئىشنى تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن قىلىۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ، ئۇ ئىشقا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئاساسىڭلار يوق. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر: «بىزنى بۇنىڭغا ئاللاھ بۇيرۇدى» دەپ ئاللاھقا تۆھمەت قىلىۋاتىسىلەر؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ ۖ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۚ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەر سەجدىدە پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلارغا قايتىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ئى مۇئمىنلار! ھەر سەجدە قىلغان چېغىڭلاردا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقاندەك ئەسلىڭلارغا قايتىسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى، شۇڭلاشقا ئادىل بولۇڭلار، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار؛ ھەممىڭلار ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقاندەك ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا يارىتىدۇ. سىلەرنىڭ دەسلەپتە يارىتىلغان چېغىڭلاردا ھېچ نەرسەڭلار بولمىغاندەك، ئىككىنچى قېتىم قايتا يارىتىلغان چېغىڭلاردىمۇ ھېچ نەرسەڭلەر بولمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلَالَةُ ۗ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
    ئاللاھ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ (ئىنسانلاردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى، يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيلىرى قىلىۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلار قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى ۋە مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشىدىن كېيىنمۇ ئىككى پىرقە بولدى: بىرى قۇرئانغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرگە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىش، نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ۋە شەيتانغا ئەگەشمەسلىك بىلەن ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەنلەر پىرقىسى. يەنە بىرى قۇرئانغا بويسۇنۇش ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىش توغرىسىدىكى ئىلاھىي دەۋەتنى قوبۇل قىلماسلىق، نېمەتلەرنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلماسلىق ۋە شەيتانغا ئەگىشىش قاتارلىق قىلمىشلىرى بىلەن ئازغۇنلۇقتا قېلىپ قالغانلار پىرقىسى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى چىرايلىق قامەت ۋە مۇكەممەل قابىلىيەتتە ياراتقان، شۇنداقلا ئۇلارغا ئىرادە ئەركىنلىكى بەرگەن، ئاندىن پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا توغرا يولنى ۋە خاتا يولنى ئېنىق تونۇتقان، شۇنداقلا ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغان. ئۆز ئىختىيارى بىلەن دەۋەتنى قوبۇل قىلغانلار ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن دەۋەتنى قوبۇل قىلمىغانلار ئازغۇنلۇقتا قېلىپ قالغان. نەتىجىدە ئىنسانلار تارىخ بويىچە ئەنە شۇنداق ئىككى پىرقە بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
    ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر قېتىم ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا چىرايلىق كىيىنىڭلار. يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئادەم ئەۋلادى! ھەر ناماز ئۆتەيدىغان چېغىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار. يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە ئىسراپ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئادەم ئەۋلادى! ناماز ئۆتىگەن ۋە تاۋاپ قىلغان چېغىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارنى يەڭلار، لېكىن ئىسراپ قىلماڭلار؛ ھالالنى كېرەكسىز ھالدا ئىستېمال قىلماڭلار ۋە ھارامدىن ساقلىنىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىسراپخورلارنى ياقتۇرمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. (7-سۈرە ئەئراف، 32-ئايەت) جائىز ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنَ الرِّزْقِ ۚ قُلْ هِيَ لِلَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا خَالِصَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيتقىنكى، ‹‹ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». (ئاللاھنىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيتقىنكى، «بۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كافىرلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». بۇنى چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن چىقارغان زىننىتىنى ۋە پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟». ئېيتقىنكى: «ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا مۇئمىنلار ئۈچۈندۇر. قىيامەت كۈنى بولسا پەقەت مۇئمىنلارغىلا خاستۇر». بىز بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مانا مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان زىننەت (چىرايلىق كىيىم - كېچەك) ۋە پاك رىزىقلارنى ئۆزى چاغلاپ ھارام قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئۇلارنى كىم ھارام قىلدى؟». ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئۇ نەرسىلەر ئەسلىدە بۇ دۇنيادا مۇئمىنلار ئۈچۈن يارىتىلغان، لېكىن كافىرلارمۇ پايدىلىنىدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە پەقەت مۇئمىنلارلا پايدىلىنىدۇ، ھېچبىر كافىر ئۇلارغا ئورتاق بولالمايدۇ. بىز ئايەتلەرنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىمىز، لېكىن ئۇ ئايەتلەردىن پەقەت چۈشىنىپ ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەرلا پايدىلىنىدۇ. تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمۈپ كەتكەنلەر بولسا، ئۇ ئايەتلەردىن پايدىلىنالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ئايەتلەر بايان قىلىنغانسېرى كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدۇ، نەتىجىدە ئايەتلەر ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئارتتۇرغان بولىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ يەردە، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئەيىبلىنىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇنداق قىلغان كىشى بۇ قىلمىشى بىلەن ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (7-سۈرە ئەئراف، 33-ئايەت) ھارام ئادالەتسىزلىك شېرىك
    قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالْإِثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَنْ تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، (ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى›› — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قېلىۋېلىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئاللاھ نامىدا قالايمىقان سۆزلىشىڭلارنى ھارام قىلدى» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قەبىھ ئىشلارنى، گۇناھلارنى، ناھەقچىلىك قىلىشنى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشىڭلارنى ۋە ئاللاھ ھەققىدە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى سۆزلىشىڭلارنى ھارام قىلدى».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ پەقەت ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قەبىھ ئىشلارنى، گۇناھلارنى، باشقىلارغا ناھەقچىلىك قىلىشنى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى ۋە (ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىشنى ئاللاھ بۇيرۇدى، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشنى ئاللاھ بۇيرۇمىدى، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ئاللاھ ھارام قىلدى دېگەندەك دەۋالار بىلەن) ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنىلا ھارام قىلدى». دېمەككى، ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىلگەن شەكىلدە ئادا قىلىش، ھالاللاردىن ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا پايدىلىنىش، بارلىق قەبىھلىك ۋە پۈتكۈل يامانلىقلارنى، بولۇپمۇ زۇلۇم ۋە شېرىكنى تەرك ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئادالەت، ئۇلارنىڭ ئەكسى زۇلۇمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. وَلِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
    ھەر بىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، (ھالاك بولىدىغان) ۋاقتى يەتكەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر بىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن سۈرۈلمەيدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ) — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر ئۇممەتنىڭ ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى: كۇفرىلىق ئۈستىدە بىرلەشكەن ھەر جامائەگە ئاللاھ مۇئەييەن بىر مۇددەتكىچە مۆھلەت بېرىدۇ. ئۇلار ئۇ مۇددەت ئىچىدە تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىسە، ئاللاھ ئۇلارنى مەزكۇر مۇددەتنىڭ ئاخىرىدا ھالاك قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. يَا بَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي ۙ فَمَنِ اتَّقَىٰ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
    ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئادەم بالىلىرى! ئاراڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە ئەنسىرەش ۋە غەم قىلىش يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئادەم ئەۋلادى! ئەگەر سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچىلەر كېلىپ سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئەينەن بايان قىلسا، شۇ چاغدا كىم يامانلىقلاردىن ساقلىنىپ ئۆزىنى تۈزىتىدىكەن، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (35-36) ئادەم ئاتا ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا ئانا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان جەننەتتە شەيتانغا ئالدىنىپ، چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن چاغدا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى زېمىنغا چۈشۈپ كېتىشكە بۇيرۇغان ۋە ئۇلارغا «بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ۋە قىيامەتكە قەدەر دۇنياغا كېلىدىغان نەسلىڭلار زېمىندا ياشايسىلەر، زېمىندا ئۆلىسىلەر، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ زېمىندىن چىقىرىلىسىلەر» دېگەن، ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋە كىتابلار نازىل قىلىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن ۋە كىتابلارغا بويسۇنغانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاتا جۈپتى ھەۋۋا بىلەن زېمىنغا ئورۇنلاشقان، شۇنداقلا بالىلىق بولۇپ يەر يۈزىدە ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا باشتا ئاتىسى ئادەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن، ئاندىن پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئاخىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن، شۇنداقلا ئۇ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش، شەيتانغا ئالدانماسلىق، ئادىل بولۇش ۋە ئايەتلەرگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەت تۆت ئىشقا بۇيرۇغان. بۇ تۆت ئىش بارلىق پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ تۈپ ماھىيىتىنى بايان قىلغانلىقى ۋە تارىخ بويىچە ئىنسانلار بۇيرۇلغان ئىشلارنى خۇلاسلىگەنلىكى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىنسانلار «ئادەم ئەۋلادى» بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىپادىلەنگەن. دېمەككى، مەزكۇر تۆت ئىشقا قىلىنغان ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھىي باشقا پەيغەمبەرلەرگىمۇ «ئى ئادەم ئەۋلادى!» دېگەن خىتاب بىلەن باشلانغان. مەزكۇر تۆت ئىش ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بىرى بولغان «ئايەتلەرگە بويسۇنۇش»تا نامايان بولىدۇ. چۈنكى ئايەتلەرگە بويسۇنغان كىشى نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىدۇ، شەيتانغا ئالدانمايدۇ ۋە ئادىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا «ئى ئادەم ئەۋلادى!» دەپ باشلانغان ئورتاق ۋەھىينىڭ تۆتىنچىسى بولغان بۇ ئىككى (35 - ۋە 36 -) ئايەتتە ئۇ تۆت ئىشنى قىلغانلار «ئايەتلەرگە بويسۇنغانلار» دېيىلىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، ئۇ تۆت ئىشنى قىلمىغانلار «ئايەتلەرگە بويسۇنمىغانلار» دېيىلىدۇ ۋە جازالاندۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئادەم ئەۋلادى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن تاللانغان پەيغەمبەرلەر كېلىپ ئايەتلىرىمنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئىمان كەلتۈرگەن، مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن ساقلانغان ۋە بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆزىنى تۈزەتكەن كىشىلەر مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئىنكار قىلغان ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئايەتلەرگە بويسۇنمىغان كىشىلەر بولسا، دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. ئاللاھ تائالا 35 - ۋە 36 - ئايەتتە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن ئايەتلەرگە، جۈملىدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ئايەتلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئەمەل قىلغان كىشىلەرنىڭ مۇكاپالىنىدىغانلىقىنى، ئۇ ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ جازالاندۇرۇلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن 37 - ئايەتتىن باشلاپ 51 - ئايەتكىچە مەزكۇر ئىككى پىرقىنىڭ سۈپەتلىرى، مۇكاپاتلىنىش ۋە جازالىنىش جەريانلىرى، مۇكاپات ۋە جازا ئورۇنلىرى، ھەر پىرقىنىڭ تېگىشلىك ئورنىغا كىرىشى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ. مەسىلەن: 37 ~ 41 - ئايەتلەردە، جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغانلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ۋە ئۆلۈمىدىن تارتىپ دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلغىچىلىك دۇچ كېلىدىغان ئەھۋاللىرى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (7-سۈرە ئەئراف، 36-ئايەت) دوزاخ ئەھلى كىبىر كاپىرلىق
    وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەر دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ‏ — ئەنەس ئالىم

  37. فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ أُولَٰئِكَ يَنَالُهُمْ نَصِيبُهُمْ مِنَ الْكِتَابِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوْنَهُمْ قَالُوا أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
    ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان (رىزىقتىن ۋە ئەجەلدىن) ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: ‹‹ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟›› دەيدۇ، ئۇلار: ‹‹ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى›› دەيدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئىقرار قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ قەبىھ كىشى بارمۇ؟ ئۇلار ئۆزىنىڭ لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىلغان نېسىۋىلىرىگە ئېرىشىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ، ئۇلار: «ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى» دەيدۇ. ئۇلار كافىر بولغانلىقىغا (ئىقرار قىلىپ)، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىتابتىكى نېسىۋىسى يېتىدۇ[9]. ئاخىرى ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى ۋاپات قىلدۇرغىلى كەلگەندە: «سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنى تاشلىۋەتتى» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھقا، (ئاللاھنىڭ قەبىھ ئىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىنى، ئاللاھنىڭ بەزى ئېكىن ۋە ھايۋانلارنى ھارام قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىپ) بوھتان چاپلىغان ئادەم بىلەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەم ئەڭ زالىم ئادەملەردۇر. ئۇلاردىنمۇ زالىم ھېچكىم يوق. بۇ زالىملارغا بۇ دۇنيادا بېرىلىشى ۋەدە قىلىنغان نېسىۋىسى (دۇنيا مەنپەئەتلىرى) ئەجەللىرى توشقۇچە يېتىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجىلى توشۇپ ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولغان پەرىشتىلەر ئۇلارنى ۋاپات قىلدۇرغىلى كەلگەن چاغدا، ئۇ پەرىشتىلەر ئۇلاردىن «ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان (يېلىنىپ تۇرۇپ ھاجىتىڭلارنى راۋا قىلىپ بېرىشنى تىلەش ئارقىلىق چوقۇنغان) مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «بىزنى تاشلىۋەتتى، يوقاپ كەتتى، كۆرمەيۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بېرىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ كافىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئېتىراپنىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى سەكراتتىكى ئادەم ئۈچۈن تەۋبە دەرۋازىسى تاقىۋېتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. قَالَ ادْخُلُوا فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ فِي النَّارِ ۖ كُلَّمَا دَخَلَتْ أُمَّةٌ لَعَنَتْ أُخْتَهَا ۖ حَتَّىٰ إِذَا ادَّارَكُوا فِيهَا جَمِيعًا قَالَتْ أُخْرَاهُمْ لِأُولَاهُمْ رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ أَضَلُّونَا فَآتِهِمْ عَذَابًا ضِعْفًا مِنَ النَّارِ ۖ قَالَ لِكُلٍّ ضِعْفٌ وَلَٰكِنْ لَا تَعْلَمُونَ
    ئاللاھ (ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: ‹‹سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار››. ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يەنى باشلىقلىرىغا) قارىتىپ: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن›› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹‹ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى) بىلمەيسىلەر›› دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ (ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كافىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار». ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ كېيىنكىلىرى ئىلگىرىكىلەرگە قارىتىپ: «ئى رەببىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر بىلمەيسىلەر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولۇپ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا دوزاخقا كىرىڭلار» دەيدۇ. ھەرقاچان بىرەر ئۇممەت كىرسە قېرىندىشىغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن كىرىپ ھەممىسى دوزاخنىڭ ئىچىدە جەملەشكەن چاغدا، كېيىن كىرگەنلەر ئىلگىرى كىرگەنلەر ھەققىدە: «رەببىمىز! مانا بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارغا دوزاخ ئوتىدىن ئىككى ھەسسە ئازاب بەرگىن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەر كىشىنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىدۇر. لېكىن سىلەر بىلمەيسىلەر» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا، «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كافىر جىن ۋە ئىنسان جامائەلىرىنىڭ قاتارىدا دوزاخقا كىرىڭلار» دەيدۇ. ئۇلاردىن دوزاخقا كىرگەن ھەر جامائە يەنە بىر جامائەگە لەنەت ئوقۇيدۇ. باشتا كاتتىباشلار، ئاندىن ئەگەشكۈچى گۇرۇھلار ئارقا - ئارقىدىن دوزاخقا كىرىپ، ھەممىسى جەم بولغان چاغدا، ئەگەشكۈچىلەر كاتتىباشلار ھەققىدە: «رەببىمىز! ئەنە شۇلار بىزنى ھەق يولدىن ئازدۇرغان، شۇڭلاشقا ئۇلارغا ئىككى ھەسسە ئازاب قىلغىن» دەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا: «ھەر بىرىڭلارغا ئىككى ھەسسە ئازاب قىلىنىدۇ، لېكىن سىلەردىن ھەر پىرقە باشقا پىرقىنىڭ ھەسسىلەپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (7-سۈرە ئەئراف، 39-ئايەت) دوزاخ ئەھلى ئىلاھىي ئازاب
    وَقَالَتْ أُولَاهُمْ لِأُخْرَاهُمْ فَمَا كَانَ لَكُمْ عَلَيْنَا مِنْ فَضْلٍ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
    ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: ‹‹سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق (يەنى گۇمراھلىقتا ۋە ئازابقا تېگىشلىك بولۇشتا بىر بىرىمىزگە ئوخشاشمىز)، قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار›› دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: «سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئىلگىرى كىرگەنلىرى كېيىن كىرگەنلىرىگە: «سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق. ئۇنداقتا سىلەرمۇ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ دوزاخقا باشتا كىرگەن كاتتىباشلىرى ، كېيىن كىرگەن ئەگەشكۈچى گۇرۇھلارغا ئېيتىدۇ: «سىلەرنىڭ بىزدىن يەڭگىل ئازاب چېكىشىڭلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، چۈنكى بىز ئازغۇنلۇقتا ۋە ئازابقا لايىق بولۇشتا سىلەر بىلەن ئوخشاش، شۇڭلاشقا ئۆز گۇناھىڭلار سەۋەبىدىن ئازابنى تېتىڭلار!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. (7-سۈرە ئەئراف، 40-ئايەت) دوزاخ ئەھلى كىبىر كاپىرلىق
    إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ
    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇ ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ (رەھمەت) دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەرگە ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ھەرگىزمۇ ئېچىلمايدۇ، ئۇلار تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتمىگۈچە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. بىز گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق جازالايمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلارغا بويسۇنمىغان، شۇنداقلا كۇفرىلىق ۋە يامانلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئۇ ئىككى گۇرۇھ (يېتەكچىلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى) ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننەتكە كىرىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشى مۇمكىن بولمىغاندەك ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بىز (ئاللاھ) گۇناھكارلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (7-سۈرە ئەئراف، 41-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    لَهُمْ مِنْ جَهَنَّمَ مِهَادٌ وَمِنْ فَوْقِهِمْ غَوَاشٍ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
    دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ. كۇفرلىق قىلغانلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا جەھەننەمدىن تۆشەك ۋە ئۈستىلىرىگە يوتقانلار بار. بىز زالىملارنى مۇشۇنداق جازالايمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىدا ئوتتىن كۆرپە، ئۈستىدە ئوتتىن يوتقانلار بولىدۇ. بىز زالىملارنى مۇشۇنداق جازالايمىز. ئەسكەرتىش: يېتەكچىلەرگە ئۆزلىرى ئازغانلىق ۋە باشقىلارنى ئازدۇرغانلىقنىڭ ئازابى بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئازغانلىق ۋە ئۇلارغا قارىغۇلارچە تەقلىد قىلغانلىقنىڭ ئازابى بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرەتتە تېگىشلىك بولغانلارنى ئازابلىشى دۇنيادا ھېچكىمنىڭ ئازابلىشىغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھ تائالا 35 ~ 41 - ئايەتلەردە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە ئەگەشكەن ۋە نازىل قىلغان كىتابلىرىغا بويسۇنغانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئۇنداق قىلمىغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 42 - 43 - ئايەتلەردە بولسا، پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن ۋە كىتابلارغا بويسۇنغان شۇ ياخشى كىشىلەرنىڭ جەننەت ئەھلى بولىدىغانلىقى ۋە ئېرىشىدىغان بەزى مەنىۋى نېمەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ كىشىنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىمىز - ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە تۇرىدۇ. بىز ھېچكىمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر - بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز - جەننەتنىڭ ئەھلىدۇر. ئۇلار جەننەتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرگە ۋە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇيرۇلغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك - ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۇلارغا ئېغىر كەلمەيدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ -، ئەنە شۇلار جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِمْ مِنْ غِلٍّ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ ۖ وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي هَدَانَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِيَ لَوْلَا أَنْ هَدَانَا اللَّهُ ۖ لَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ ۖ وَنُودُوا أَنْ تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق ـ ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكنى ئېلىپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ (جەننەتتىكى سارايلىرى) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «بارلىق ھەمدۇسانا بىزنى يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، بىز توغرا يول تاپالمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ، ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن مىراس قىلىپ بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ» دەپ نىدا قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىمىز. ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «بىزنى بۇنىڭغا ھىدايەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئەگەر ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، بىز ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايتتۇق. شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقنى ئېلىپ كەلگەن» دەيدۇ. ئۇلارغا: «مانا بۇ سىلەرگە ئەمىلىڭلار ئۈچۈن بېرىلگەن جەننەتتۇر» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلار كۆڭۈللىرىدە بىر - بىرىگە ساقلىغان كىنە - ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىمىز. ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى سارايلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر (سۇلار) ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن نېمەتلەرگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن: «بىزنى بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشىشىمىزگە سەۋەبچى بولغان ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئەگەر ئاللاھ ئەلچى ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق بىزنى ئۇ ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلمىغان بولسا، بىز ھەرگىزمۇ ئۇ ئەمەللەرنى بىلەلمىگەن ۋە قىلالمىغان بولاتتۇق. رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى دۇنيادا بىزگە راستتىنلا ھەقنى ئېلىپ كەلگەن» دەيدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇلارغا، «مانا بۇ سىلەرگە دۇنيادا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتكەنلىكىڭلار ئۈچۈن مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلگەن جەننەت!» دەپ نىدا قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. (7-سۈرە ئەئراف، 44-ئايەت) دوزاخ ئەھلى جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    وَنَادَىٰ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ أَصْحَابَ النَّارِ أَنْ قَدْ وَجَدْنَا مَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقًّا فَهَلْ وَجَدْتُمْ مَا وَعَدَ رَبُّكُمْ حَقًّا ۖ قَالُوا نَعَمْ ۚ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنٌ بَيْنَهُمْ أَنْ لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
    ئەھلى دوزاخقا: ‹‹بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ‹‹ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە: «بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىگە ھەقىقەتەن ئېرىشتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىگە ھەقىقەتەن ئېرىشتىڭلارمۇ؟» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: «ھەئە» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: «كۇفرلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە: «بىز رەببىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. سىلەرمۇ رەببىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار: «ھەئە» دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر جاكارچى: «ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارغا بولسۇن!» دەپ جاكارلايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (44-45) جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرىپلا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ، ئاندىن دوزاخ ئەھلىگە قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرى دۇنيادا تونۇيدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەرنىمۇ كۆرىدۇ، ئۇلاردىن «بىز رەببىمىز ئاللاھ تائەت - ئىبادەت قىلغانلارغا پەيغەمبەرلىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغان مۇكاپاتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆردۇق، سىلەرمۇ رەببىڭلار ئاللاھ گۇناھ - مەئىسيەت قىلغانلارغا پەيغەمبەرلىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغان جازانىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆردۇڭلارمۇ؟» دەپ سورايدۇ، دوزاخ ئەھلى ئۇلارغا: «ھەئە، رەببىمىز ئاللاھنىڭ بىز ئىنكارچىلارغا قىلغان ۋەدىسى راست چىقتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ئەسنادا بىر جاكارچى: «ئاللاھنىڭ لەنىتى دۇنيادا ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشقان ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغان زالىملارغا بولسۇن!» دەپ جاكارلايدۇ. ئەسكەرتىش: دۇنيادىن كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكەنلەر قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلانغاندىن كېيىن جەننەت ئەھلى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەنە شۇنداق سوئال - جاۋاب بولۇپ ئۆتىدۇ. دوزاخ ئەھلى پەرىشتىلەردىنمۇ شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قايغۇ - ھەسرەتلىرى تېخىمۇ ئارتىدۇ. ئاللاھ تائالا 44 - ۋە 45 - ئايەتلەردە ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ قىيامەت كۈنى تېگىشلىك بولغان ئورۇنلىرىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ. 46 ~ 51 - ئايەتلەردە بولسا، قىيامەت كۈنى ياخشىلار بىلەن يامانلار مەھشەرگاھتا ئاللاھقا ھېساب بېرىپ، بىر - بىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھەر پىرقە تېگىشلىك بولغان ئورنىغا كىرىپ بولغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى ئەھۋاللارنى بىلدۈرىدۇ. يامانلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. (7-سۈرە ئەئراف، 45-ئايەت) كاپىرلىق ئازغۇنلۇق
    الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُمْ بِالْآخِرَةِ كَافِرُونَ
    زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى يولدا بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسقان، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدىغان ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشلەردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  46. (7-سۈرە ئەئراف، 46-ئايەت) ھىساب جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    وَبَيْنَهُمَا حِجَابٌ ۚ وَعَلَى الْأَعْرَافِ رِجَالٌ يَعْرِفُونَ كُلًّا بِسِيمَاهُمْ ۚ وَنَادَوْا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ ۚ لَمْ يَدْخُلُوهَا وَهُمْ يَطْمَعُونَ
    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ. ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق بولىدۇ. توسۇقنىڭ ئۈستىدە جەننەت ئەھلىنى ۋە دوزاخ ئەھلىنى ئۇلارنىڭ سىيماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر بولىدۇ، ئۇلار جەننەت ئەھلىگە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق، توسۇقنىڭ ئېگىز جايلىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر بولىدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپنى سېيماسىدىن تونۇيدۇ. ئۇلار جەننەت ئەھلىگە: «سالامۇئەلەيكۇم!» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، لېكىن تەمە قىلماقتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئېلىنىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ ئايرىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياخشىلار، ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە نۇر بولغان ھالدا يامانلاردىن ئايرىلىدۇ. بۇ ئەسنادا يامانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇنافىقلار ياخشىلارغا: «بىزگە قاراڭلار، نۇرۇڭلاردىن ئېلىۋالايلى» دەيدۇ، ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر تۈرلۈك سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ ياخشىلار بولغان تەرىپىدە جەننەت، يامانلار قالغان تەرىپىدە دوزاخ بولىدۇ. ئەنە شۇ سېپىلنىڭ ئېگىز يەرلىرىدە ھەر پىرقىنى سېماسىدىن تونۇيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بولىدۇ. بۇ كىىشلەر جەننەت ئەھلىگە سالام بېرىدۇ ۋە تەبرىكلەيدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، لېكىن جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. (7-سۈرە ئەئراف، 47-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دۇئا
    وَإِذَا صُرِفَتْ أَبْصَارُهُمْ تِلْقَاءَ أَصْحَابِ النَّارِ قَالُوا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن›› دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرۇلغاندا: «ئى رەببىمى! بىزنى بۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرالغاندا: «رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە قارىتىلسا، «رەببىمىز! بىزنى ئۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (7-سۈرە ئەئراف، 48-ئايەت) ھىساب دوزاخنىڭ تەسۋىرى
    وَنَادَىٰ أَصْحَابُ الْأَعْرَافِ رِجَالًا يَعْرِفُونَهُمْ بِسِيمَاهُمْ قَالُوا مَا أَغْنَىٰ عَنْكُمْ جَمْعُكُمْ وَمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ
    ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇۋالىدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: ‹‹توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟›› دەپ توۋلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    توسۇق ئۈستىدىكىلەر سىيماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخىي) ئادەملەرگە: «توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟» دەپ توۋلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېگىز جايلاردىكى كىشىلەر ئۆزلىرى سېيماسىدىن تونۇيدىغان بىر قىسىم ئادەملەرگە مۇنداق دەپ توۋلايدۇ: «توپلىغىنىڭلار[10] ۋە كىبىر قىلغىنىڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟ — ئەنەس ئالىم

    ئېگىز يەرلەردىكى كىشىلەر دوزاخ ئەھلىگە: «دۇنيادا يىغقان مال - مۈلۈك ۋە تەرەپدارلىرىڭلار، قىلغان چوڭچىلىقىڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟ بايلىقىڭلار، جامائەڭلار ۋە پوچىلىقىڭلار نېمە ئىشقا يارىدى؟» دەپ تاپا - تەنە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمْتُمْ لَا يَنَالُهُمُ اللَّهُ بِرَحْمَةٍ ۚ ادْخُلُوا الْجَنَّةَ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمْ وَلَا أَنْتُمْ تَحْزَنُونَ
    (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلارغا مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) «سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) قورقۇنچ يوقتۇر، سىلەر غەم-ئەندىشە قىلمايسىلەر دېيىلدى دەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    (توسۇق ئۈستىدىكىلەر دوزىخىيلارغا مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە ئەنسىرەش ۋە غەم قىلىش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ) — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاۋۇلار سىلەر ئاللاھ ئۇلارنى ھېچقانداق رەھمەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر شۇلارمۇ؟». «كىرىڭلار جەننەتكە، سىلەرگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن جەننەت ئەھلىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «ئەنە شۇلار، سىلەر دۇنيادا كەمسىتكەن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولالمايدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەرمۇ؟ قاراڭلار، ئۇلار ھېسابنى ياخشى بېرىپ جەننەتكە لايىق بولدى!» دەيدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇلارغا: «جەننەتكە كىرىڭلار، كېلەچىكىڭلار توغرىسىدا ئەندىشە قىلمايسىلەر، ئۆتمۈشۈڭلار توغرىسىدا قايغۇرمايسىلەر» دېيىلىدۇ. ئەسكەرتىش: «ئېگىز يەرلەردىكى كىشىلەر»نىڭ كىملىكى ھەققىدە تەپسىرلەردە بىرقانچە ئېھتىمال زىكىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكى ئىككى ئېھتىمالدا خۇلاسىلىنىدۇ: 1) ئۇلار ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى مىزاندا تەڭ كېلىپ قالغانلاردۇر. بۇ ئېھتىمالدا جەننەت ئەھلىگە سالام بەرگەن، جەننەتكە كىرمىگەن، لېكىن جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە قارىتىلسا، «رەببىمىز! بىزنى ئۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەپ ئاللاھقا يالۋۇرغان ۋە «جەننەتكە كىرىڭلار،...» دېيىلگەن كىشىلەر ئەنە شۇ ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ كېلىپ قالغان مۇئمىنلاردۇر. 2) ئۇلار پەيغەمبەر، شېھىت ۋە سالىھلاردۇر. بۇ تەقدىردە جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان، كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە قارىتىلسا، «رەببىمىز! بىزنى ئۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەپ ئاللاھقا يالۋۇرغان، ۋە «جەننەتكە كىرىڭلار،...» دېيىلگەن كىشىلەر مەزكۇر سېپىلنىڭ جەننەت تەرىپىگە ئۆتكەن لېكىن تېخى جەننەتكە كىرمىگەن ئەھلى جەننەتتۇر. ئالدىنقى ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى ئىنسانلار ھېسابتىن كېيىن ئىككى پىرقە بولۇپ ئايرىلغاندىن كېيىن ھەر پىرقىنىڭ، تېگىشلىك بولغان يېرىگە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋالى ۋە جەننەت ئەھلى پىرقىسىگە «جەننەتكە كىرىڭلار» دېيىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 50 - ۋە 51 - ئايەتتە بولسا، جەننەت ئەھلى بولغان پىرقە جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئۇلارغا ئېيتىدىغان ئىلتىماسى، ئۇلارنىڭ دوزاخ ئەھلىگە بېرىدىغان جاۋابى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا دوزاخ ئەھلىگە بېرىلىدىغان جازانىڭ سەۋەبى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. وَنَادَىٰ أَصْحَابُ النَّارِ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ أَفِيضُوا عَلَيْنَا مِنَ الْمَاءِ أَوْ مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ ۚ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى الْكَافِرِينَ
    ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: ‹‹سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    دوزاخ ئەھلى جەننەت ئەھلىگە: «سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!» دەپ توۋلايدۇ، جەننەت ئەھلى ئۇلارغا (جاۋابەن): «ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى كافىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    جەھەننەم ئەھلى جەننەت ئەھلىگە: «سۈيۈڭلاردىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن بىرئاز بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئېقىتىڭلار» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇ ئىككىسىنى كافىرلارغا ھارام قىلدى» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلى مەھشەرگاھتا بىر - بىرىدىن ئايرىلغان ۋە جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن دوزاخ ئەھلى (سېپىلنىڭ دوزاخ تەرىپىدە تۇرۇپ) جەننەت ئەھلىگە: «بىزگە سۈيۈڭلاردىن ئېقىتىپ بېرىڭلار ياكى ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان باشقا نېمەتلەردىن يوللاپ بېرىڭلار» دەپ نىدا قىلىدۇ، جەننەت ئەھلى ئۇلارغا: «بېرەلمەيمىز، چۈنكى ئاللاھ بۇلارنى ئۆز دىنىنى كۆڭۈل ئاچىدىغان نەرسە ۋە ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەن، دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان كافىرلارغا ھارام قىلدى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. (7-سۈرە ئەئراف، 51-ئايەت) كاپىرلىق ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَهْوًا وَلَعِبًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ فَالْيَوْمَ نَنْسَاهُمْ كَمَا نَسُوا لِقَاءَ يَوْمِهِمْ هَٰذَا وَمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
    كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كافىرلار دىنلىرىنى ئويۇن-تاماشا قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، دىنىنى كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويناش ئوبېيكتى قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالداپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن بىز ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ كۈنى بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئۇنتۇغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئەسنادا ئاللاھ: «بۈگۈن بىز ئۇلارنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۈنىگە يېتىپ كېلىشنى ئۇنتۇغانلىقى ۋە ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئازاب ئىچىدە تاشلىۋېتىمىز» دەيدۇ. دېمەككى، ئىككى پىرقە ئايرىلىپ ئوتتۇرىغا مەزكۇر سېپىل سوقۇلغاندىن كېيىن جەننەت ئەھلى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، دوزاخ ئەھلى سېپىلنىڭ دوزاخ بولغان تەرىپىدە قېلىپ جەننەت ئەھلىگە يۇقىرىدىكى تەلىپىنى ئېيتىپ ئۇلاردىن سەلبىي جاۋاب ئالغاندىن كېيىن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. وَلَقَدْ جِئْنَاهُمْ بِكِتَابٍ فَصَّلْنَاهُ عَلَىٰ عِلْمٍ هُدًى وَرَحْمَةً لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارغا كىتاب (يەنى قۇرئان) بەردۇق، ئۇنى (يەنى قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى) بىلىش ئاساسىدا بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىمان ئېيتقان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ئىلىم-ھېكمەت ئاساسىدا مۇپەسسەل بايان قىلغان ۋە ئىمان ئېيتقان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان كىتاب (قۇرئان) نى ئۇلارغا (يەنى مەككە ئەھلىگە) ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارغا كىتاب كەلتۈردۇق، ئۇنى ئىلىم بىلەن بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىشىنىدىغان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسانلارغا ھەقنى بايان قىلغان، ئۇلار موھتاج بولىدىغان ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى توغرا يولغا ۋە ئىلاھىي رەھمەتكە يېتەكلەيدىغان كىتابنى ئاتا قىلدۇق. ئۇ كىتابتىن پەقەت دەلىلگە قايىل بولىدىغان، ھەقكە ئىنتىلىدىغان ۋە بويسۇنىدىغان كىشىلەرلا پايدىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ ۚ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَلْ لَنَا مِنْ شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ قَدْ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
    ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ) نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: ‹‹پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتماپتۇق، بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار (يەنى كافىرلار) پەقەت ئۇنىڭدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى بۇ كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: «پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى (بىزگە) ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى بىزنىڭ گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن غايىب بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ كىتابنىڭ تەئۋىيلىگىلا[11] ساقلاۋاتىدۇ! ئۇنىڭ تەئۋىيلى كەلگەن كۈنى[12]، بۇرۇن ئۇنى ئۇنتۇغانلار مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدى بىز ئۈچۈن شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ بولسا بىزگە شاپائەت قىلغان بولسىچۇ! ياكى دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟ بولسا قىلغىنىمىزدىن باشقا ئەمەل قىلار ئىدۇق!». ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىگە زىيان سالدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلار ئىمان كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ كىتابتا بېرىلگەن: «بىر كۈنى قىيامەت قايىم بولىدۇ، ئۇ چاغدا كافىرلار يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدۇ» دېگەن مەنىدىكى خەۋەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇ خەۋەر ئەمەلگە ئاشقاندا ئىلگىرى كىتابقا ئىشىنىشنى ۋە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئەتكەن ئۇ كافىرلار گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، شاپائەتچى ئىزدەيدۇ، تاپالمايدۇ؛ دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئەمەل قىلىشنى تىلەيدۇ، قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلار دۇنيادا پۇرسىتى بار چاغدا نەپسى خاھىشىغا ۋە شەيتان ۋەسۋەسىسىگە ئەگىشىپ ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ «بىزنى قوغدايدۇ، قۇتقۇزىدۇ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ» دەپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى قىيامەت كۈنى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا كۆرۈنمەيدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە كۇفرىلىق قىلغانلارنىڭ قىيامەت قايىم بولغاندا ھەسرەت - نادامەت چېكىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ دوزاخقا تاشلانغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە ھەسرەت - نادامەت چېكىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ئۇلاردىن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى ۋە ھېساب نەتىجىسىدە ئىككى پىرقىگە ئايرىپ بىر پىرقىگە مۇكاپات، يەنە بىر پىرقىگە جازا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۇ كۈنگە ئىشىنىشكە ۋە ئۇ ھېساب ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. 54 - 56 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆز قۇدرىتى ۋە ھاكىمىيىتىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئىنسانلارنى تەۋھىد ۋە ئىبادەتكە بۇيرۇيدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئىسلامنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىدىن ئىككىنى بىرلىكتە زىكىر قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ ۗ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ ۗ تَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
    شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر ـ بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ)؛ ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇركى، ئۇ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى*[1]. كېچە بىلەن كۈندۈزنى يېپىپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى بىر ـ بىرىنى قوغلىشىدىغان (يەنى داۋاملىق ئالمىشىپ تۇرىدىغان) قىلدى. قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. بىلىڭلاركى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى كاتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاللاھتۇر. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلدى[13]. ئۇ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ، كېچە كۈندۈزنى ئۈزلۈكسىز قوغلايدۇ. ئۇ قۇياشنى، ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش پەقەت ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق توغرا يولغا، جۈملىدىن ئاخىرەتكە ئىشىنىشكە ۋە ئاخىرەت ھاياتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغان رەببىڭلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە ئەرشكە يۈكسەلگەن، كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىنتىزاملىق شەكىلدە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇۋاتقان، قۇياشنى، ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى خالىغىنىچە ھەرىكەت قىلدۇرۇۋاتقان ئاللاھتۇر. بىلىڭلاركى، كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىش ۋە باشقۇرۇش ئاللاھقا خاستۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ پاك ۋە ئۇلۇغدۇر. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «ثُمَّ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ - ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە ئەرشكە يۈكسەلگەن» دېگەن ئىپادە ئۆتىدۇ. بۇ ئىپادىنىڭ مەنىسىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ «ئەرش ئۈستىگە ئىستىۋائـ» قىلغانلىقى يەتتە يەردە ئۆتىدۇ: بەش يەردە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقاندىن كېيىن «ئەرش ئۈستىگە ئىستىۋائـ» قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ، بىر يەردە ئاسمانلارنى كۆتۈرگەندىن كېيىن «ئەرش ئۈستىگە ئىستىۋائـ» قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ، بىر يەردە زېمىننى ۋە ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقانلىقى بايان قىلىنغاندىن كېيىن «ئەرش ئۈستىگە ئىستىۋائـ» قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. لۇغەتتە «ئىستىۋائـ - استواء» كەلىمىسى «ئەلا - على» ھەرپى بىلەن ئىشلىتىلگەندە يۈكسەلمەك، ئۆرلىمەك، يۇقىرىلىماق، كۆتۈرۈلمەك، ئېگىزلىمەك، ئورۇنلاشماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ مەنىلەر بىر - بىرىگە يېقىندۇر، ھەتتا ئوخشاشتۇر. قۇرئان كەرىمدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىنىڭ جۇدىي تېغىنىڭ ئۈستىدە ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن بۇ كەلىمە ئىشلىتىلگەن، زىرائەتنىڭ ئۈنۈپ ئۆز غوللىرى ئۈستىدە تۈز تۇرۇشى ئۈچۈن بۇ كەلىمە ئىشلىتىلگەن، ئۇلاغنىڭ ئۈستىدە ئوبدان ئورۇنلىشىش ئۈچۈن بۇ كەلىمە ئىشلىتىلگەن. «ئەرش - عرش» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «تەخت» دېگەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ كەلىمە «سەبەئـ» مەلىكىسىنىڭ تەختى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ تەختى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلگەن. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى يەتتە ئايەتتىن باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ ئۆزىنىڭ «ئەرش»ى بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: «ئەرشنىڭ ئىگىسى»، «ئەرشنىڭ رەببى»، «بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببى»، «ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى»، «ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى»، «ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغانلار ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكىلەر رەبىبىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتماقتىدۇر»⑪، «ئۇ كۈندە رەببىڭنىڭ ئەرشىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە سەككىز پەرىشتە كۆتۈرىدۇ»⑫، «پەرىشتىلەرنى ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرۇۋاتقان ۋە رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن»⑬. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى ئاتالغۇنى ئاللاھ تائالا بىلدۈرگەن بويىچە، ئۆز پېتى چۈشىنىش ۋە شۇنداق ئىشىنىش كېرەك. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئەرشى ئۈستىگە ئىستىۋائـ قىلىشىنى - ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، بۈيۈكلۈكى ۋە كاتتىلىقىغا لايىق رەۋىشتە يۈكسىلىشى دەپ چۈشىنىش ۋە شۇنداق ئىشىنىش لازىم. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشىنىڭ ھېچقانداق بىر تەختكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ شەنىگە لايىق تەخت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ۋە شۇنداق ئىشىنىش لازىم. ئاللاھ تائالانىڭ «ئەرش ئۈستىگە ئىستىۋائــ قىلىشى»نىڭ قانداقلىقىنى ۋە «ئەرشى»نىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش، كوچىلاش، يۈكسلىشىنى باشقا بىر يۈكسىلىشكە، «ئەرشى»نى باشقا بىر تەختكە ئوخشىتىش ۋە باشقا مەنىلەرگە تەئۋىل قىلىش توغرا ئەمەس، چۈنكى «ئاللاھقا ھېچ نەرسە ئوخشىمايدۇ»، «ئاللاھقا ھېچ كىم تەڭ ئەمەس». ئاللاھ تائالا زاتى، ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا ئوخشىشى بولمىغان يەككە - يېگانە زاتتۇر، مىسلىسىز پادىشاھتۇر، شېرىكى يوقتۇر، تەڭدىشى يوقتۇر، ئىسىمدىشى يوقتۇر. چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت ئىگىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى بىرەر نەرسىگە ئوخشىتىش ياكى بىرەر نەرسىنى ئاللاھقا ئوخشىتىش ۋە ياكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلىرىنى مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىغا ئوخشىتىش چەكلەنگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
    پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە ـ كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەرۋەردىگارىڭلارغا يالۋۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇڭلاشقا سىلەر ئىبادەت ۋە دۇئالىرىڭلارنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىش ياكى دۇئا قىلىش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، بىلىڭلاركى: ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقانلارنى ياقتۇرمايدۇ. ئەسكەرتىش: ئىبادەت - ئۇلۇغلاپ ئىتائەت قىلماق دېگەن بولىدۇ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش - ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىش ۋە نەسىھەتلىرىگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا ۚ إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
    ئاللاھ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورققان ۋە (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئاللاھقا قورققان ۋە ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. قورقۇپ ۋە تەمە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر[14].‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىمۇ بىلىڭلاركى: ئاللاھ يۇقىرىدىكى مەخلۇقاتلارنى، خۇسۇسەن زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭغا يەرلەشتۈردى، مۇئەييەن زامانغا قەدەر ئۇنى سىلەرگە قارارگاھ قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدى. بەختلىك ياشىشىڭلارنى ئۇنىڭ تۈزىلىشىگە، بەختسىز ياشىشىڭلارنى ئۇنىڭ بۇزۇلۇشىغا باغلىق قىلدى. ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرى ۋە نازىل قىلغان كىتابلىرى ئارقىلىق سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، توغرا بىلەن خاتانىڭ ۋە ياخشى بىلەن ياماننىڭ يوللىرىنى كۆرسەتتى، ئاندىن سىلەرنى زېمىنىڭ تۈزۈك ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە بۇزۇلغان يەرلىرىنى تۈزەشكە مەسئۇل، بۇزۇشتىن ۋە بۇزۇلۇشىدىن جاۋابكار قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرى ۋە كىتابلىرى ئارقىلىق بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار، قىلغان نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىڭلار، بولۇپمۇ تىلەيدىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاللاھتىنلا تىلەڭلار. ئەكسى تەقدىردە ئاللاھ تۈزىگەن زېمىننىڭ ئۈستىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىسىلەر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشقا مەھكۇم قىلىنىسىلەر. ئاللاھ تائالا 54 ~ 56 - ئايەتلەردە ئۆز قۇدرىتى ۋە ھاكىمىيتىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئىنسانلارنى تەۋھىد ۋە ئىبادەتكە بۇيرۇيدۇ. 57 - ۋە 58 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆز قۇدرىتى ۋە مەرھەمىتىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ، ئىنسانلارغا قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ ھېسابقا تەييارلىق قىلىشلىرى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. وَهُوَ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَقَلَّتْ سَحَابًا ثِقَالًا سُقْنَاهُ لِبَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَنْزَلْنَا بِهِ الْمَاءَ فَأَخْرَجْنَا بِهِ مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ ۚ كَذَٰلِكَ نُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
    ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كېلىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز. ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە) ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) يېغىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، شۇنىڭدەك قىيامەتتە ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز. بۇنىڭدىن نەسىھەت ئالغايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ، تاكى ئۇ شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، بىز ئۇنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ ئارقىلىق سۇنى چۈشۈرىمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن بارلىق مېۋىلەردىن چىقىرىمىز. بىز ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق چىقىرىمىز. ئويلانغايسىلەر!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇشتىن ئىلگىرى شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار مەخلۇقاتلارغا يامغۇرنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىپ ئۇلارنى سۆيۈندۈىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تەرىپىدىن سۇ يۈكلەنگەن بۇلۇتلارنى يامغۇر ياغدۇرۇش پىلانلانغان جايلارغا ھەيدەپ بارىدۇ. شاماللار بۇ ئىككى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن ئاللاھ بۇلۇتلاردىكى سۇنى ئۇ جايلارغا چۈشۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر تۈرلۈك ئېكىن ۋە دەرەخلەر يېتىشىپ ھوسۇل بېرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى ئۆلۈك زېمىننىڭ بۇ شەكىلدە تىرىلىشىگە ئوخشايدۇ. ئى ئىنسانلار! سىلەر زېمىننىڭ ياز پەسلىدە ئەنە شۇنداق جانلانغانلىقىنى، قىش پەسلىدە ياز پەسلىدىكى جانلىقلىقىنى يوقىتىپ ئۆلۈك ھالەتكە كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ ھادىسىنىڭ يىلدا مۇشۇنداق تەكرارلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىلەر. ئۆلۈك زېمىننى بۇ شەكىلدە تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولغان ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆلۈك ئىنسانلارنى تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. شۇڭلاشقا سىلەر كۈندىلىك ھاياتىڭلاردا كۆرۈۋاتقان بۇ ھادىسىلەرگە قاراپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلىشىڭلارنىڭ مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يەتكەيسىلەر!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. وَالْبَلَدُ الطَّيِّبُ يَخْرُجُ نَبَاتُهُ بِإِذْنِ رَبِّهِ ۖ وَالَّذِي خَبُثَ لَا يَخْرُجُ إِلَّا نَكِدًا ۚ كَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَشْكُرُونَ
    مۇنبەت يەرنىڭ گىياھى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان مۆمىننىڭ مىسالىدۇر). ناچار يەرنىڭ گىياھى ئاز ئۆسىدۇ (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلانمايدىغان كاپىرنىڭ مىسالىدۇر). شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    مۇنبەت يەرنىڭ گىياھى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ، ناچار يەرنىڭ گىياھى ئاز ئۈنىدۇ. شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق بايان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياخشى يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىقىدۇ. ناچار يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى بولسا بەك تەس چىقىدۇ[15]. بىز شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! يەرنىڭ بەزى قىسمى مۇنبەت بولىدۇ، بەزى قىسمى ئۈنۈمسىز بولىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈستىگە سۇ چۈشىدۇ، لېكىن مۇنبەت يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى ئاسان ئۈنىدۇ، تېز ئۆسىدۇ، پايدىلىق ۋە بەرىكەتلىك بولىدۇ. ئۈنۈمسىز يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى بولسا تەس ئۈنىدۇ، ئاستا ئۆسىدۇ، پايدىسىز بولىدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىز ۋەھىينى بارلىق ئىنسانلارغا نازىل قىلىمىز، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بىز ئۇ ۋەھىينى پەقەت قوبۇل قىلغان كىشىلەرگىلا نازىل قىلغان بولىمىز، ئۇلار ۋەھىينى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ ۋە يۈرۈش - تۇرۇشىدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما ئىنكار قىلغان كىشىلەرگە كەلسەك، ناچار يەرگە سۇ كىرسە تىكەن ئۈنگەنگە ئوخشاش ئۇ كىشىلەر ۋەھىي تەبلىغ قىلىنسا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدۇ ۋە تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ، شۇنداقلا ۋەھىي سەۋەبىدىن زىيىنى ئارتىدۇ. ئاللاھ تائالا 52 ~ 58 - ئايەتلەردە ئىنسانلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ، ئۆز قۇدرىتى ۋە مەرھەمىتىنىڭ دەلىللىرىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىدۇ، قىيامەتنى ئەسلىتىدۇ ۋە ھېسابقا تەييارلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. 59 - ئايەتتىن باشلاپ بىرقانچە ئايەتتە بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ (نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ) قىسسەلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ، دەۋەتنى قوبۇل قىلغان ۋە قىلمىغانلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
    شەك - شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    شەك-شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق، مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقىۋاتىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    (59-64) بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ قەۋمىنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلدى ۋە بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلمىغانلارنى قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى. قەۋمى نۇھنى گۇمراھ بولۇپ كېتىش بىلەن ئەيىبلىدى، نۇھ ئۆزىنىڭ گۇمراھ بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىدى ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى. ئۇلار نۇھنى يالغانچىغا چىقىرىپ ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز (ئاللاھ) نۇھنى ۋە يېنىدىكىلەرنى كېمىدە قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ئۇ قەۋمنى سۇغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق، چۈنكى ئۇلار كورلۇق قىلغان قەۋم ئىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ خۇلاسىسى مۇنداق: ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنى، قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن ئىدرىس ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋە ھۇد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى، بۇتپەرەس بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى 950 يىل بويىچە كېچە - كۈندۈز ۋە ئاشكارا - يوشۇرۇن ھەقكە دەۋەت قىلغان، قەۋمى ئۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىققان ۋە تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى قىلغان. لېكىن نۇھ ئەلەيھىسسالام سەۋر قىلغان، ھەقنى كەمتەرلىك بىلەن ۋە ئىلمىي يوسۇندا چۈشەندۈرگەن. قەۋمى بولسا، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن، مۇتەكەببىرلىك قىلىپ ھەقنى قوبۇل قىلمىغان، ھەتتا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا جەڭ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆلتۈرۈۋىتىش بىلەن تەھدىت سالغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام 950 يىلدىن كېيىن، قەۋمىدىن ئىلگىرى ئىمان كەلتۈرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ۋەھىي ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىن ئۆزىگە نۇسرەت، قەۋمىگە بالا تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇنى كېمە ياساشقا بۇيرۇغان، كېمىنى ياساپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئايالىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى، مۇئمىنلارنى ۋە ھەر جانلىقتىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىرەر جۈپتىن ئېلىپ كېمىگە چىقىشقا بۇيرۇغان. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا ئەمر قىلغان بويىچە كېمىگە چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئاسماننىڭ دەرۋازلىرىنى ئېچىپ ناھايىتى ئۇلۇغ سۇ چۈشۈرگەن، زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن كۇفۇر ئەھلى سۇغا غەرق قىلىنغان، كېمىدىكىلەر قۇتۇلغان ۋە يەر يۈزىگە تارقالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانىيەت نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلى بىلەن داۋاملاشقان، شۇڭلاشقا نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىر پەيغەمبىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا كۆرۈمىز›› دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: «بىز ھەقىقەتەن سېنى روشەن گۇمراھلىقتا دەپ قارايمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھنىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  61. (7-سۈرە ئەئراف، 61-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى نوھ
    قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي ضَلَالَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    نۇھ ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئازغۇنلۇق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  62. (7-سۈرە ئەئراف، 62-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى نوھ
    أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنْصَحُ لَكُمْ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  63. أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ وَلِتَتَّقُوا وَلَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
    سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى كېلىشىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟›› — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفردىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، يامانلىقتىن ساقلىنىشىڭلار ۋە رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

  64. فَكَذَّبُوهُ فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
    ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار نۇھنى يالغانچى، دېدى. بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (دىللىرى) كور قەۋم ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى غەرق قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار كور قەۋم ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  65. وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    ئاد (قەۋمى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟›› دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ھۇد: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەر (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (65-72) بۇ ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: بىز ئاد قەۋمىگە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قېرىندىشى ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ھۇد ئۆز مىللىتى بولغان ئۇ قەۋمنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلدى ۋە ئاگاھلاندۇردى. قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى ئۇنىڭغا ئەقىلسىز ۋە يالغانچى دەپ تۆھمەت قىلدى. ھۇد ئۆزىنىڭ ئەقىلسىز ۋە يالغانچى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىدى ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ نەسىھەت قىلدى. ئۇلار ھۇدنى گۇمراھ بولۇپ كېتىش بىلەن ئەيىبلەپ ئۇنىڭدىن، تەھدىت قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ھۇد ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋابنى بېرىپ كۈتۈپ تۇرۇشى لازىملىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ كۆتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز (ئاللاھ) ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر يولدا بولغانلارنى رەھمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ئۇ قەۋمنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋەتتۇق. ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: «نۇھ توپانى»دىن كېيىن يەر يۈزىدە ئىنسانلار قايتا كۆپەيگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇتپەرەسلىك باش كۆتۈرگەن چاغدا ئاللاھ تائالا ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى «ئەھقاف» دېگەن جايدا (ئوممان بىلەن ھەزرىمەۋت ئارىسىغا جايلاشقان قۇم بارخانلىرى رايونىدا) ياشايدىغان «ئاد» قەۋمىنىڭ ئىچىدىن ھۇد ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئەسكىرىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچىگە تايىنىپ، جىسمانىي كۈچى، ماددىي مەدىنىيىتى ۋە باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ، ھۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان، ھەتتا ئۇنىڭغا خىلمۇخىل تۆھمەتلەرنى چاپلاپ جەڭ ئېلان قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەرسا مۇستەبىت كاتتىباشلىرىنى بۇيرۇقىغا ئەگەشكەن؛ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلغان ۋە «بىزدىن كۈچلۈك كىم بار؟» دەپ، ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرمىگەن، شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك گۇناھقا پاتقان. شۇنىڭ بىلەن ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارشى ياردەم تىلەپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا يەتتە كېچە ۋە سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي قاتتىق بوران ئەۋەتىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. ئەسكەرتىش: 63 - ۋە 69 - ئايەتلەردە ئۆتكەن «زىكىر»نىڭ مەنىسى سىلەرنى غەپلەتتىن ئويغىتىدىغان كىتاب، سىلەرگە شان - شەرەپ كەلتۈرىدىغان قانۇن، سىلەرنى ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئۇقتۇرۇش دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي سَفَاهَةٍ وَإِنَّا لَنَظُنُّكَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى، ئەلۋەتتە، (پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز›› دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى ئەلۋەتتە يالغانچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەقلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز، ھەمدە سېنى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  67. قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي سَفَاهَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    ھۇد ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەس، بەلكى مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھۇد ئېيتتى: «قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئەخمەقلىق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  68. أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنَا لَكُمْ نَاصِحٌ أَمِينٌ
    سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. مەن سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەتچىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  69. أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ قَوْمِ نُوحٍ وَزَادَكُمْ فِي الْخَلْقِ بَسْطَةً ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
    پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟›› ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغانلىقىنى، ۋۇجۇدۇڭلارنى قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار، سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسىنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟» ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا ياشايدىغان قىلغانلىقىنى، سىلەرنى قامەتلىك قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر[16] كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ ياد ئېتىڭلاركى، ئۇ رەببىڭلار سىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى يارىتىلىشتا تېخىمۇ بەستلىك قىلدى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

  70. قَالُوا أَجِئْتَنَا لِنَعْبُدَ اللَّهَ وَحْدَهُ وَنَذَرَ مَا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا ۖ فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    ئۇلار: ‹‹(ئى ھۇد!) ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرگىن›› دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «(ئى ھۇد!) بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، سەن بىزگە ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىنا قېنى؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «سەن بىزگە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىز ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن مەبۇدلارنى تەرك ئېتىشىمىز ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىرلا بېشىمىزغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  71. قَالَ قَدْ وَقَعَ عَلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ رِجْسٌ وَغَضَبٌ ۖ أَتُجَادِلُونَنِي فِي أَسْمَاءٍ سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا نَزَّلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
    ھۇد: ‹‹سىلەرگە چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى نازىل بولىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئات قويۇۋالغان، بۇ ھەقتە (ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل نازىل قىلمىغان (بۇتلارنىڭ) ئىسىملىرى ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ كۈتۈڭلار مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە (سىلەرگە نازىل بولىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن›› دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى چۈشىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار نام قويۇۋالغان، (ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن (ئاشۇ بۇتلارنىڭ) ئىسىملىرى ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ (ئاللاھنىڭ ئازابىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە (سىلەرگە چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم رەببىڭلار تەرىپىدىن پاسكىنىلىق ۋە غەزەپ چۈشىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملار توغرىسىدا مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتكۈچىلەردىنمەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  72. فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَقَطَعْنَا دَابِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ وَمَا كَانُوا مُؤْمِنِينَ
    بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە مۇئمىن بولمىغان كىشىلەرنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

  73. وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً ۖ فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ ۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ـ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر. ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار. بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سەمۇد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ئاللاھنىڭ تاشتىن چىقارغان ھىنگان تۆگىسىمۇ سىلەر ئۈچۈن بىر مۆجىزىدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ چىشى تۆگىسى، سىلەر ئۈچۈن ئايەت. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا يېسۇن. ئۇنىڭغا ھېچ يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (73-79) بۇ ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئۆز ۋاقتىدا بىز سەمۇد قەۋمىگە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. سالىھ ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلدى ۋە ئۇلارغا مۆجىزە تۆگىگە يامانلىق قىلماسلىقلىرىنى، ئەكسى تەقدىردە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ نەسىھەت قىلدى. ئۇلار چوڭلىرىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن سالىھنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماستىن مۆجىزە تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز (ئاللاھ) ئۇلارنى (سەمۇد قەۋمىنى) ھالاك قىلىۋەتتۇق. سالىھ ئۇلاردىن يىراقلاشتى ۋە: «مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى يەتكۈزدۈم، ۋە كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلىدم، لېكىن سىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلماي ھالاك بولدۇڭلار» دېدى. سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدا ھىجاز بىلەن ئىئوردانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ھىجر (مەدائىنى سالىھ، ۋادىلقۇرا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)» دېگەن جايدا ياشايدىغان سەمۇد قەۋمنىڭ ئىچىدىن سالىھ ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلغان، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ نەسىھەت قىلغان ۋە يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەسكىرىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، ماددىي مەدەنىيىتىگە ۋە باياشات تۇرمۇشىغا ئالدىنىپ، سالىھ ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمىگەن، شۇنداقلا قاتتىق قارشى چىققان، ھەر تۈرلۈك تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەرنى قىلغان، ئۇنىڭدىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان، تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى كۆرسەتسىمۇ ئىشەنمىگەن، ھەتتا مۆجىزە قىلىپ كۆرسىتىلگەن تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۈستىدىن قاتتىق ئاۋاز، ئاستىدىن زىلزىلە ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتكەن، سالىھ ئەلەيھىسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ عَادٍ وَبَوَّأَكُمْ فِي الْأَرْضِ تَتَّخِذُونَ مِنْ سُهُولِهَا قُصُورًا وَتَنْحِتُونَ الْجِبَالَ بُيُوتًا ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
    ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، سىلەرنى (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياسىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالغان ئىدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەرنى ياسىغان ئىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈردى. سىلەر ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە سارايلار سالىسىلەر. تاغلىرىنى يونۇپ ئۆيلەر ياسايسىلەر. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار ۋە بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار».‏ — ئەنەس ئالىم

  75. قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِمَنْ آمَنَ مِنْهُمْ أَتَعْلَمُونَ أَنَّ صَالِحًا مُرْسَلٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلَ بِهِ مُؤْمِنُونَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا - ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى، بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۆز ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە: «سىلەر سالىھنىڭ راستتىنلا رەببى تەرىپىدىن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «ئەلۋەتتە، بىز ئۇنىڭ ئەلچىلىكىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەرمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  76. قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا بِالَّذِي آمَنْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
    ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ھېلىقى ھاكاۋۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھاكاۋۇرلار: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەر ئىشەنگەن نەرسىنى ئىنكار قىلغۇچى كىشىلەرمىز» دېدى، — ئەنەس ئالىم

  77. فَعَقَرُوا النَّاقَةَ وَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ وَقَالُوا يَا صَالِحُ ائْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
    ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھېلىقى ھىنگان تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! پەيغەمبەرلىكىڭ راست بولسا، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلار ئۇ چىشى تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، رەببىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! ئەگەر ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلەردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىرلا بېشىمىزغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  78. فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
    ئۇلارغا قاتتىق ئازاب يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  79. فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ وَلَٰكِنْ لَا تُحِبُّونَ النَّاصِحِينَ
    ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    سالىھ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    سالىھ بولسا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم. لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيسىلەر!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  80. (7-سۈرە ئەئراف، 80-ئايەت) ھارام باشقا پەيغەمبەرلەر
    وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُمْ بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِنَ الْعَالَمِينَ
    لۇتنى (ئەھلى سەدومغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ مۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    لۇتنى (سەدۇم قەۋمىگە) پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ بۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «سىلەردىن ئىلگىرى ئالەملەردىن ھېچكىم قىلمىغان قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟‏ — ئەنەس ئالىم

    (80-84) بۇ ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: بىز لۇتنىمۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. لۇت ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە، «سىلەردىن ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟! سىلەر شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولۇۋاتىسىلەر! ئەسلىدە سىلەر ھەددىدىن ئاشقان قەۋمسىلەر!» دېدى، قەۋمى بىر - بىرىگە: «لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇپ بىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشتا بىزگە قېتىلمايدىغان كىشىلەردۇر» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىز (ئاللاھ) لۇتنى ۋە ئايالىدىن باشقا ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇ قەۋمنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئى مۇھەممەد! قارىغىنا، ئۇ گۇناھكار قەۋمنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بابىلدىن شام دىيارىغا ھىجرەت قىلغان. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىئوردانىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى «لۇت كۆلى»نىڭ ساھىلىغا يەرلەشكەن سەدۇم رايونىغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ جايلارنىڭ ئاھالىسى مۇشرىك ۋە ئەخلاقسىز كىشلەر ئىدى؛ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى، يامان ئىشلارنى قىلاتتى، ھەتتا ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان قەبىھ ئىشنى (بەچچىۋازلىقنى) ئاشكارا ھالدا قىلاتتى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى شېرىك، يامان ئىش ۋە قەبىھلىكلەردىن توسۇپ، تەۋھىدكە، ياخشى ئىشلارغا ۋە گۈزەل ئەخلاققا دەۋەت قىلغان. ئۇلار بولسا، دەۋەتنى رەت قىلغان، لۇت ئەلەيھىسسالامغا سۈرگۈن قىلىش بىلەن تەھدىت سالغان. ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن لۇت ئەلەيھىسسالامغا، «‹دەۋەتنى قوبۇل قىلمىساڭلار ئاللاھ ئازاب قىلىدۇ› دېگەن سۆزۈڭدە راستچىل بولساڭ، قېنى ئۇ ئازابنى بىزگە كەلتۈرگىن» دەپ ئىنكار ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن. شۇنىڭ بىلەن لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇ بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلىگەن. ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر توپ پەرىشتە ئەۋەتكەن. پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بۇ توغرىدىكى ئەمرىنى ئالدى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلغان، ئاندىن ياش يىگىتلەرنىڭ سۈرىتىدە سەدۇم رايونىغا كېلىپ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كىرگەن. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ، ئۇلارنى مېھمان دەپ ئويلىغان ۋە قەۋمىنىڭ ئەدەپسىزلىك قىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن. ئۇ ئەسنادا ئۇ قەۋم لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە ياش يىگىتلەرنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋە دەرھال يۈگۈرۈشۈپ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇلار بىلەن مەزكۇر قەبىھ ئىشنى قىلىش ئىدى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا يالۋۇرغان، نەسىھەت قىلغان ۋە ئۇلاردىن مېھمانلىرى ئالدىدا رەسۋا قىلماسلىقىنى ئۆتۈنگەن، لېكىن ئۇلار لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنچە يالۋۇرۇش، ئۆتۈنۈش ۋە نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماستىن تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقان. مانا بۇ چاغدا پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق يامانلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ قەۋم بولسا، تەرسالىقىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئۇ قەبىھ ئىشنى قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆيگە كىرىشكە تىرىشقان. دەل بۇ ئەسنادا پەرىشتىلەرنىڭ باشلىقى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ئۇرۇپ كۆزلىرىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. ئۇلار لۇت ئەلەيھىسسالامنى ۋە «مېھمانلار»نى ئەتىسى ئەتىگەن كېلىپ ئىنتىقام ئالىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت قىلىپ قايتىپ كېتىشكەن. ئاندىن پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامنى ئايالىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى ئېلىپ كېچىنىڭ ئاخىرىدا يولغا چىقىشقا بۇيرۇغان ۋە ئىچىدىن ھېچكىمنىڭ ئارقىسىغا قارىماستىن ھەممەيلەننىڭ بۇيرۇلغان جايغا (شامغا) قاراپ مېڭىشى لازىملىقىنى ئېيتقان، لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئايالىنىڭ ۋە قەۋمنىڭ سۈبھى ۋاقتىدا ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لۇت ئەلەيھىسسالام ئايالىدىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىدىنلا تەركىب تاپقان مۇئمىنلارنى ئېلىپ سەھەردە يولغا چىققان. كۈن چىقىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇ قەۋمنى قاتتىق ئاۋاز باسقان، يەرلەر كۆمتۈرۈلگەن ۋە ئۈستىگە تاش ياغدۇرۇلغان. نەتىجىدە لۇت ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار قۇتۇلغان ۋە ئۇ بۇزغۇنچى قەۋم ھالاك قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. (7-سۈرە ئەئراف، 81-ئايەت) ھارام باشقا پەيغەمبەرلەر
    إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِنْ دُونِ النِّسَاءِ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ
    سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرۇۋاتىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ شەھۋەت ئۈچۈن ئەرلەرگە كېلىۋاتىسىلەر. دېمەك، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  82. وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَخْرِجُوهُمْ مِنْ قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ
    لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ شەھىرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «ئۇلارنى (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىئ9 شەھرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار (بىز قىلىۋاتقان ئىشنى پاسكىنا دەپ) ئۆزىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قەۋمىنىڭ لۇتقا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇلارنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىسمەن كىشىلەردۇر![17]».‏ — ئەنەس ئالىم

  83. فَأَنْجَيْنَاهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
    لۇتنى ئۇنىڭ خوتۇنىدىن باشقا، تەۋە كىشىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە نازىل بولغان ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت خوتۇنىلا (شەھەردە) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە چۈشكەن ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت ئۇنىڭ خوتۇنىنىلا قۇتقۇزمىدۇق، ئۇ شەھەردە قىلىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى قۇتقۇزدۇق، ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى. ‏ — ئەنەس ئالىم

  84. وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
    ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. گۇناھلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. قارىغىنا، ئۇ گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟‏ — ئەنەس ئالىم

  85. وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
    مەديەن (خەلقىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: « ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە كەلدى، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا (گۇناھلار قىلىپ) بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    مەديەن (خەلقى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا ئىشلىتىڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر ئىشەنسەڭلار، شۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مەديەن ئاھالىسىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: كەمچەننى ۋە مىزاننى تولۇق تۇتۇڭلار، ئىنسانلارغا نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. ئەنە شۇلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    (85-93) بۇ ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: بىز مەديەن ئاھالىسىگە ئۆزلىرىنىڭ مىللى قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. شۇئەيب ئۇلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلدى، كەمچەن ۋە ئۆلچەمنى تولۇق تۇتۇشقا بۇيرۇدى، ئىنسانلارنىڭ نەرسىلىرىنى كەم ئۆلچەشتىن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ۋە باشقا يامانلىقلارنى قىلىشتىن توستى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتمۈشتىكى بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىشقا بۇيرۇدى. شۇئەيبنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى شۇئەيبنى ۋە مۇئمىنلارنى تەھدىت قىلدى، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرگە شۇئەيبكە ئەگەشكەن تەقدىردە زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇئەيب باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار بولسا، تەھدىتكە بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۆزلىرىگە نۇسرەت، قەۋمىگە بالا تىلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار ئۇ جايلاردا باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيب ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەپسۇسلىنىپ: «مەن سىلەرنى ھەقكە دەۋەت قىلدىم، سىلەر ئىنكار قىلدىڭلار؛ مەن سىلەرگە كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلدىم، سىلەر مەسخىرە قىلىپ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ ئەمدى مەن كافىر قەۋمگە قانداقمۇ قايغۇرىمەن؟ قايغۇرمايمەن، چۈنكى سىلەر قايغۇرۇشقا ئەمەس، ئەكسىچە ‹خوپ بولدى› دېيىشكە لايىق كىشىلەر!» دېدى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ۋاقتىدا، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا ۋە ئەقەبە قولتۇقىنىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان مەديەن ئاھالىسىدىن تاللاپ ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. مەديەن ئاھالىسى ئەسلىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا بولسىمۇ، لېكىن زامان ئۇزارغانسېرى توغرا يولدىن يىراقلاشقان ئىدى؛ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى، ئۆلچەم ۋە كەمچەننى كەم تۇتۇپ ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى يەۋالاتتى، ھەر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلارنى قىلاتتى، قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى يەمەن، شام، ئىراق ۋە مىسر ئارىسىدىكى تىجارەت يوللىرىدا ئولتۇرۇپ بۇلاڭچىلىق قىلاتتى، ئىنسانلارنى توغرا يولدىن توساتتى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى مەزكۇر يامانلىقلاردىن توسۇپ ھەقكە دەەۋت قىلغان، يامانلىقلارنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئاللاھ تەرىپىدىن جازالاندۇرۇلۇپ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان، ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك ئۇسلۇب بىلەن نەسىھەت قىلغان. ئۇلار بولسا، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىش تۈگۈل، ئۇنى مەسخىرە قىلغان. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئەدەپسىزلىكلىرى ئالدىدا سەۋرچانلىق ۋە سوغۇققانلىق بىلەن ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇلار تەرسالىق، كۇفرىلىق، ھاقارەت ۋە مەسخىرە قىلىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن، ھەتتا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنى يولىدىن يېنىپ ئۆزلىرىنىڭ يولىغا كىرمىگەن تەقدىردە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىغانلىقى بىلەن تەھدىت قىلغان ۋە: «ئاسماندىن ئۈستىمىزگە پارچىلەر چۈشۈرگىن» دەپ چوڭچىلىق قىلغان. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى كۆرۈپ، ئۆزى ۋە مۇئمىنلارغا ياردەم، ئۇلارغا (كافىر قەمىگە) بالا تىلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بىرقانچە كۈن قاتتىق ئىسسىق ئەۋەتكەن، شامالنى توختاتقان. ئۇلار ئۆي ۋە مەھەللىلىرىدىكى دىمىقلىق سەۋەبىدىن نەپەس ئېلىشتا قىينىلىپ بىر دالاغا توپلاشقان. ئۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر بۇلۇت ئەۋەتكەن، بۇلۇت ئۇلارغا سايە سالغان. ئۇلار بۇلۇتنىڭ ئاستىدا سۆرۈنلۈك، سالقىنلىق ۋە راھەت بار دەپ ئويلاپ، بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ، ھەممىسى سايىنىڭ ئاستىغا تولۇق جەم بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۈستۈن تەرەپتىن دەھشەتلىك ئاۋاز، ئۇچقۇن ۋە چوغلارنى ئەۋەتكەن، ئاستىن تەرەپتىن يەرنى قاتتىق تەۋرەتكەن. نەتىجىدە ئۇلار ھالاك بولغان. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار قۇتۇلغان. ئاللاھ تائالا 59 ~ 93 - ئايەتلەردە نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملاردىن ئىبارەت بەش پەيغەمبەرنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، 94 - ۋە 95 - ئايەتلەردە بولسا، ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ ئۇ پەيغەمبەرلەرگە بويۇنتاۋلىق قىلغان قەۋملەر بىلەن چەكلىك ئەمەسلىكىنى، ھالاك قىلىنغانلارنىڭ ھالاك قىلىنىش سەۋەبىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قەۋملەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن قانۇنىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنى تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىرىنىڭ يوق بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇشرىكلار! بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققان قەۋملەرنى، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي يامانلىق، تەرسالىق ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ھەددىدىن ئاشقاندا ھالاك قىلغىنىمىزدەك، ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن ھەر پەيغەمبەرگە قارشى چىققان قەۋمنىمۇ ھەر تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي ھەددىدىن ئاشقان چېغىدا ھالاك قىلدۇق. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى: سىلەرمۇ تەۋبە قىلىپ ھەق يولغا قايتمىساڭلار ئاقىۋىتىڭلار ئۇ قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئى مۇئمىنلار! ھەق يولغا قارشى چىققانلار يا تەۋبە قىلىپ سىلەرگە قېتىلىدۇ ياكى ھالاك قىلىنىدۇ. نەتىجىدە ھەق ھاكىم بولىدۇ، ھەق ئۈستىدىكىلەر غالىب كېلىدۇ. ئەسكەرتىش: 89 - ئايەتتىكى «بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىنى ھەق بىلەن ئايرىغىن» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقكە ئەگەشكۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش، قارشى چىققۇچىلارنى جازالاش قانۇنىڭنى ئىجرا قىلغىن، بىز ئۇلاردىن قۇتۇلايلى، ئۇلار جازاسىنى چەكسۇن. بىز بىلەن ئۇلارنى بۇ شەكىلدە ئايرىپ قويغىن يارەب! دېمەكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  86. وَلَا تَقْعُدُوا بِكُلِّ صِرَاطٍ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِهِ وَتَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ كُنْتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ ۖ وَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
    سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېسىڭلاردا ئېتىڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر يولدا ئولتۇرۇپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە تەھدىت سالماڭلار، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسماڭلار ۋە ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭلار. ئويلاپ بېقىڭلاركى، سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتكەن. قاراڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم

  87. وَإِنْ كَانَ طَائِفَةٌ مِنْكُمْ آمَنُوا بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ وَطَائِفَةٌ لَمْ يُؤْمِنُوا فَاصْبِرُوا حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ بَيْنَنَا ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
    ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغىچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ مېنىڭ ئەلچىلىكىمگە ئىشىنىپ يەنە بىر گۇرۇھ ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ ئارىمىزدا ھۆكۈم قىلغانغا قەدەر سەۋر قىلىڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

  88. قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لَنُخْرِجَنَّكَ يَا شُعَيْبُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَكَ مِنْ قَرْيَتِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا ۚ قَالَ أَوَلَوْ كُنَّا كَارِهِينَ
    شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى) يامان كۆرىدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ساڭا ئىمان ئېيتقانلار بىلەن قوشۇپ شەھرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز ئۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان تۇرساق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! يا بىز سېنى ۋە سەن بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى چوقۇم يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز ياكى سىلەر چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر» دېدى. شۇئەيب مۇنداق دېدى: «بىز خالىمىساقمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

  89. قَدِ افْتَرَيْنَا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا إِنْ عُدْنَا فِي مِلَّتِكُمْ بَعْدَ إِذْ نَجَّانَا اللَّهُ مِنْهَا ۚ وَمَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَعُودَ فِيهَا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّنَا ۚ وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۚ عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا ۚ رَبَّنَا افْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِالْحَقِّ وَأَنْتَ خَيْرُ الْفَاتِحِينَ
    (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    (شۇئەيب يەنى ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق. ئى رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن بىز يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. رەببىمىز ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇنىڭغا قايتىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. رەببىمىزنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق. رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىنى ھەق بىلەن ئايرىغىن[18]. سەن ئايرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».‏ — ئەنەس ئالىم

  90. (7-سۈرە ئەئراف، 90-ئايەت) كاپىرلىق باشقا پەيغەمبەرلەر
    وَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لَئِنِ اتَّبَعْتُمْ شُعَيْبًا إِنَّكُمْ إِذًا لَخَاسِرُونَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز چوڭلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز كاتتىباشلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «ئەگەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار چوقۇم زىيان تارتىپ كېتىسىلەر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  91. فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
    ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەشكە ئۇچراپ، ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى دەرھال ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  92. الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۚ الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَانُوا هُمُ الْخَاسِرِينَ
    شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    (شۇنىڭ بىلەن) شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر ھالاك بولۇپ، گويا بۇ يەردە ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر، گويا يۇرتلىرىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ كەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    .
  93. فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ ۖ فَكَيْفَ آسَىٰ عَلَىٰ قَوْمٍ كَافِرِينَ
    شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن پەرۋەدىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇئەيب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن، ئەلۋەتتە، پەرۋەدىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كافىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇئەيب بولسا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم. مەن كافىر قەۋمگە قانداقمۇ قايغۇراي؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  94. وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ
    بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز قايسىلا شەھەرگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق، ئۇلارنىڭ (گەدەنگەشلىك قىلماسلىقى) ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يالۋۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قانداقلا يۇرتقا نەبىي ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ ئەھلىنى يېلىنىپ - يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (94-95) ئى مۇشرىكلار! بىز (ئاللاھ) يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققان قەۋملەرنى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي يامانلىق، تەرسالىق ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ھەددىدىن ئاشقاندا ھالاك قىلغىنىمىزدەك، ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن ھەر پەيغەمبەرگە قارشى چىققان قەۋمنىمۇ ھەر تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي ھەددىدىن ئاشقان چېغىدا ھالاك قىلدۇق. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى: سىلەرمۇ تەۋبە قىلىپ ھەق يولغا قايتمىساڭلار ئاقىۋىتىڭلار ئۇ قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئى مۇئمىنلار! ھەق يولغا قارشى چىققانلار يا تەۋبە قىلىپ سىلەرگە قېتىلىدۇ ياكى ھالاك قىلىنىدۇ. نەتىجىدە ھەق ھاكىم بولىدۇ، ھەق ئۈستىدىكىلەر غالىب كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلغان قەۋملەرنى ھالاك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 96 ~ 100 - ئايەتلەردە بولسا، ناۋادا ئۇ قەۋملەر كۇفرىلىق قىلماي ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاسىيلىق قىلماي ئىتائەت قىلغان بولسا، ئۇلارنى ھالاك قىلمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇلارغا نېمەتلەر ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ غەپلەتكە چۆمگەنلىكىنى، شۇنداقلا ھالاك قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنى (مەككە مۇشرىكلىرىنى ۋە قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنكارچىلارنى) ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  95. ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَوْا وَقَالُوا قَدْ مَسَّ آبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
    ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ ـ زاماننىڭ ئادىتى؛ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن بۇ كۈلپەتنى نېمەتكە ئالماشتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپىيىپ، باياشاتلىققا ئېرىشتى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغىمۇ ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى» دېدى (يەنى ئىمان ئېيتمىدى). ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن بىز يامانلىقنىڭ ئورنىغا ياخشىلىقنى ئالماشتۇردۇق، تاكى ئۇلار كۆپەيدى ۋە: «ئاتا -بوۋىلىرىمىزمۇ قاتتىقچىلىقتا ۋە كەڭرىچىلىكتە ياشىغان ئىكەن» دېدى. ئاندىن بىز ئۇلارنى تۇيماي قالغان چېغىدا ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

  96. وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَىٰ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَرَكَاتٍ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ وَلَٰكِنْ كَذَّبُوا فَأَخَذْنَاهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان ـ زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    (پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاسمان ـ زېمىننىڭ بەرىكەتلىرى ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن بەرىكەتلەر ئاچاتتۇق[19]. لېكىن ئۇلار راستنى يالغان دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر بىز ھالاك قىلىۋەتكەن مەزكۇر قەۋملەر ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىتائەت قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ دىيارلىرىغا ئاسماندىن يامغۇر، مۆلدۈر ۋە قار سۇلىرىنى ئەۋەتەتتۇق، ھەر تۈرلۈك ئاپەتتىن ساقلايتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىقلىرىدىن مول ھوسۇل ئالاتتى. ئۇلارغا تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلاتتۇق، خاتىرجەم ھالدا سودا - سېتىق ۋە تىجارەت قىلىپ كۆپ پايدا تاپاتتى. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدا مەمۇرچىلىق بۇلاتتى، ئۇلار باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشايتتى. لېكىن ئۇ قەۋملەر ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانچىغا چىقاردى ۋە ھەقنى ئىنكار قىلدى. بۇ سەۋەبتىن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  97. أَفَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا بَيَاتًا وَهُمْ نَائِمُونَ
    (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (97-98) ئۇلارنىڭ: «كۇفرىلىق، تەرسالىق ۋە بويۇنتاۋلىقتا ئەزۋەيلىسەك، كېچىسى ئۇخلاۋاتقان ياكى كۈندۈزى پايدىسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىدۇ» دېگەن ئەندىشىسى يوق ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  98. (7-سۈرە ئەئراف، 98-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب غەپلەت
    أَوَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا ضُحًى وَهُمْ يَلْعَبُونَ
    شەھەرلەر ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چۈش ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چاشگاھ ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغاندا كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە چاشگاھ ۋاقتىدا ئويناۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  99. أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەمدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئەنسىرىمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى تۇيۇقسىز جازالىشىدىن ئەنسىرىمىگەن ئىدى. ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن پەقەت ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلىماسلىق بىلەن ئۆزىگە زىيان سالغان قەۋملەرلا ئەنسىرىمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  100. أَوَلَمْ يَهْدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ أَهْلِهَا أَنْ لَوْ نَشَاءُ أَصَبْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ ۚ وَنَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
    زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن، (زېمىنغا) ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىندا ئىلگىرىكى ياشىغانلاردىن كېيىن، ئۇلارغا ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    زېمىنغا بۇرۇنقى ئىگىلىرىدىن كېيىن ۋارىس بولغۇچىلارغىمۇ خالىساق گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن مۇسىبەت يەتكۈزىدىغانلىقىمىز، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا تۈرتكە بولمىدىمۇ؟ بىز بۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاڭلىمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ جايلارغا ئۇ قەۋملەردىن كېيىن ئىگە بولغانلارنىڭ جۈملىدىن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ، ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ «ئاللاھ خالىسا بىزگىمۇ گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن ئازاب ئەۋەتىدۇ» دېگەن چۈشەنچە بىلەن ھىدايەت تېپىشى لازىم ئىدى، ئەمما ئۇلار غەپلەتكە چۆمۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھىدايەت تاپمىدى؟! بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  101. تِلْكَ الْقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَائِهَا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْكَافِرِينَ
    ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھېكايە قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇرۇن يالغان دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشنى ئويلاپمۇ قويمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (101-102) ئاللاھ تائالا 59 ~ 95 - ئايەتلەردە، ئۆتمۈشتە پەيغەمبەرلەرنى يالغانچىغا چىقىرىپ ھالاك بولغان قەۋملەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبىنى بايان قىلىپ ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، 101- ۋە 102 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ يۇرتلارغا خۇددى كۆز بىلەن كۆرۈنىدىغان يەردىكى نەرسىگە ئىشارەت قىلغاندەك ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىش سەۋەبىنى قايتا بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا مەككە مۇشرىكلىرىنى ۋە قىيامەتكە قەدەر بارلىق مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب قاتارلىق بەش پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن يۇرتلاردا ۋە بىز پەيغەمبەر ئەۋەتكەن باشقا يۇرتلاردا بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگشمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك قلىنغانلىقى خەۋىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىز روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىلگىرى راستنى يالغان دەپ ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئەلچىلىرىمىزگە ئىشەنمىگەن ئىدى. بىز كافىرلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىمىز. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئەھدىسىگە رىئايە قىلمىغان، شۇنداقلا توغرا يولدىن چىققان كىشىلەر ئىدى. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى «ئەھدە» ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا ياراتقان دەلىللەر ئارقىلىق ئىنسانلاردىن ئالغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. وَمَا وَجَدْنَا لِأَكْثَرِهِمْ مِنْ عَهْدٍ ۖ وَإِنْ وَجَدْنَا أَكْثَرَهُمْ لَفَاسِقِينَ
    ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق. ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ شەكسىز پاسىقلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانىدىن باش تارتقۇچىلار) ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى كۆرمىدۇق، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭ شەكسىز پاسىقلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى كۆرمىدۇق. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ فاسىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

  103. (7-سۈرە ئەئراف، 103-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَظَلَمُوا بِهَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
    مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. يامان ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ باققىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسانى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. لېكىن ئۇلار ئۇ ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟‏ — ئەنەس ئالىم

    (103-108) بىز يۇقىرىدا ھالاك قىلىنغان قەۋملەردىن كېيىن مۇسانى (ھاسا، قول، قورغاقچىلىق، قەھەتچىلىك، سۇ تاشقىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا ۋە قان قاتارلىق) مۆجىزىلىمىز بىلەن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ مۆجىزىلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى ۋە ھالاك قىلىندى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن ۋە شۇنى بىلگىنكى: بۇزغۇنچىلارنىڭ ھالاك قىلىنىشى ۋە ھەق يولدىكىلەرنىڭ نىجات تېپىشى قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. شۇڭلاشقا مۇئمىنلار بۇ ئاقىۋەتنى ئويلاپ سۆيۈنسۇن، ئازغۇنلار ھوشىنى تاپسۇن. قىسسەنىڭ فىرئەۋن باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمران سىنىپ بىلەن بولغان قىسمىنىڭ خۇلاسىسى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت، لېكىن بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: مۇسا ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن فىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى فىرئەۋن! مەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسى، ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا ئېيتىمەن، سىلەرگە رەببىڭلاردىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، ئى فىرئەۋن! بەنى ئىسرائىلنى مەن بىلەن بىللە شام دىيارىغا كەتكىلى قويغىن» دېدى. مۇسانىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان فىرئەۋن: «مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ كۆرسەتكىن، ئەگەر توغرا ئېيتقان بولساڭ كۆرسىتىسەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھاسىسىنى يەرگە ئاتتى، ھاسا بىردىنلا چوڭ يىلانغا ئايلاندى ۋە قولىنى قوينىغا تىقىپ چىقاردى، قول قارىغانلارغا بىردىنلا ئاپئاق كۆرۈندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. (7-سۈرە ئەئراف، 104-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى مۇسا
    وَقَالَ مُوسَىٰ يَا فِرْعَوْنُ إِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا ئېيتتى: «ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  105. حَقِيقٌ عَلَىٰ أَنْ لَا أَقُولَ عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ قَدْ جِئْتُكُمْ بِبَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِيَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
    ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن. راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتنىلا ئېيتىشقا لايىقمەن، راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن».‏ — ئەنەس ئالىم

  106. قَالَ إِنْ كُنْتَ جِئْتَ بِآيَةٍ فَأْتِ بِهَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، سېنىڭ بۇ گېپىڭ راست بولسا، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن: «روشەن دەلىل ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، قېنى ئۇنى ئوتتۇرىغا قويغىن. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  107. (7-سۈرە ئەئراف، 107-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى مۇسا
    فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
    مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى — ئەنەس ئالىم

  108. (7-سۈرە ئەئراف، 108-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى مۇسا
    وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
    قولىنى (قولتۇقىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى — مۇھەممەد سالىھ

    قولىنى (قوينىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپپاق بولۇپ كۆرۈندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە قولىنى چىقاردى -دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى.‏ — ئەنەس ئالىم

  109. قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
    پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن قەۋمنىڭ كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    (109-112) بۇ ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ھاسىسىنىڭ چوڭ يىلانغا ئايلىنىشى ۋە قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق بولۇپ چىقىشىدىن ئىبارەت ئىككى مۆجىزىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى مۆجىزىگە كۆرسەتكەن پوزىتسىيەسى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: فىرۋئەۋننىڭ تەلىپى بىلەن مۇسا ئۇلارغا ئىككى چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن بولغان ۋە شۇ سورۇندا ھازىر بولۇپ مۆجىزىلەرنى كۆرگەن ئەمەلدارلار: «شۈبھىسىزكى، بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، بۇ سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى، نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟» دېدى. ئۇلار يەنە: «مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كېچىكتۈرگىن، شەھەرلەرگە ئادەم يىغىپ كەلتۈرىدىغان خادىملارنى ئەۋەتكىن، ئۇلار ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىڭغا ئېلىپ كەلسۇن، بۇ ئىككىسىگە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇستا سېھىرگەرلىرى سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرۇپ يېڭىۋەتسۇن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەيلى» دېدى. ئەسكەرتىش: مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە «شۈبھىسىزكى، بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، بۇ سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى، نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى، مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە فىرئەۋننىڭ، ئۆزىنىڭ چۆرىسىىدىكى ئەمەلدارلارغا ئېيتقانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا، بۇ سۆزنى فىرئەۋننىڭ چۆرىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتقانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. دېمەككى، بۇ سۆزنى دەسلەپتە فىرئەۋن ئېيتقان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى ئەمەلدارلار ئۇنى تەستىقلاش ماھىيىتىدە ئۇ سۆزنى تەكرارلىغان ياكى بۇ سۆزنى فىرئەۋن ئېيتقان، ئەمەلدارلار باشقىلارغا ئەينەن يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالغان، شۇنداقلا فىرئەۋنگە يەتكۈزگەن. فىرئەۋن، ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە شەھەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى يىغىپ كېلىدۇ. سېھىرگەرلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنى يەڭگەن تەقدىردە ماددىي ۋە مەنىۋى مۇكاپات ئالىدىغانلىقى ھەققىدە فىرئەۋندىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ ۋە يېڭىلىدۇ، شۇنداقلا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ دەرھال ئىمان ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئۇلارنى تەھدىت قىلىدۇ، ئۇلار پەرۋا قىلمايدۇ. 113 ~ 126 - ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىدىن ئەنە شۇ قىسىم بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  110. (7-سۈرە ئەئراف، 110-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    يُرِيدُ أَنْ يُخْرِجَكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ ۖ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
    ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟»[20].‏ — ئەنەس ئالىم

  111. (7-سۈرە ئەئراف، 111-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَأَرْسِلْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
    ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئاكىسىغا بىر ئاز ۋاقىت بەرگىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە پۈتۈن شەھەرلەرگە ئادەم يىغىپ كەلگۈچىلەر ئەۋەتكىن.‏ — ئەنەس ئالىم

  112. (7-سۈرە ئەئراف، 112-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
    ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن».‏ — ئەنەس ئالىم

  113. (7-سۈرە ئەئراف، 113-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    وَجَاءَ السَّحَرَةُ فِرْعَوْنَ قَالُوا إِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِنْ كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ
    (پىرئەۋن سېھىرگەرلىرىنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېھىرگەرلەر فىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئەگەر غالىب كەلگۈچىلەر بىز بولساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (113-114) سېھىرگەرلەر فىرئەۋننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: «بىز غالىب كەلسەك، چوقۇم مۇكاپاتلىنىمىز، شۇنداقمۇ؟» دېدى، فىرئەۋن: «شۇنداق، ھەمدە ماڭا يېقىن كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولىسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  114. (7-سۈرە ئەئراف، 114-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
    پىرئەۋن: «ھەئە، (مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن: «ھەئە، (ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە، ھەمدە چوقۇم يېقىنلىرىمدىن بولىسىلەر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  115. (7-سۈرە ئەئراف، 115-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَنْ تُلْقِيَ وَإِمَّا أَنْ نَكُونَ نَحْنُ الْمُلْقِينَ
    ئۇلار (يەنى سېھىرگەرلەر): «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئى مۇسا! ئاۋۋال سەن تاشلامسەن ياكى بىز تاشلامدۇق؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    سېھىرگەرلەر مۇسابىقىدە ئۆزلىرىنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغان ھالدا فىرئەۋندىن ماددىي ۋە مەنىۋى مۇكاپات بېرىش توغرىسىدا ۋەدە ئالغاندىن كېيىن مۇساغا قاراپ: «ئى مۇسا! ئاۋۋال سەن سېھرىڭنى كۆرسىتەمسەن ياكى بىز سېھرىمىزنى كۆرسىتەمدۇق؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  116. قَالَ أَلْقُوا ۖ فَلَمَّا أَلْقَوْا سَحَرُوا أَعْيُنَ النَّاسِ وَاسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَاءُوا بِسِحْرٍ عَظِيمٍ
    مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇلار ھەيۋەتلىك سېھىرنى كۆرسەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتتى ۋە چوڭ سېھىر كۆرسەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا: «ئاۋۋال سىلەر كۆرسىتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېھىرلىرىنى كۆرسىتىپ ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىنى بويىدى، ئۇلارنى قورقۇتتى ۋە بۈيۈك بىر سېھىر كۆرسەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  117. وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
    مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسانىڭ ھاسىسى ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇساغا «ھاساڭنى تاشلا» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ تاشلىشى بىلەن ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئەسنادا ئاللاھ «مۇساغا ھاساڭنى يەرگە ئاتقىن» دەپ ۋەھىي قىلدى. مۇسا ھاسىسىنى يەرگە ئاتتى، ھاسا بىردىنلا چوڭ يىلانغا ئايلىنىپ ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان يالغان نەرسىلەرنى يالماپ يۇتۇۋەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  118. (7-سۈرە ئەئراف، 118-ئايەت) ھەقىقەتنىڭ غالىپ كېلىشى مۇسا
    فَوَقَعَ الْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى بەربات بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (118-119) نەتىجىدە مۇسا كۆرسەتكەن ھادىسىنىڭ ئاللاھ ئۇنىڭغا بەرگەن مۆجىزە ئىكەنلىكى، سېھىرگەرلەر كۆرسەتكەن ھادىسىلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى- دە، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇ چوڭ يىغىلىشتا مەغلۇپ بولدى، خار ھالەتكە كېلىپ قالدى، چۈنكى ئۇلار شۇنچە داغدۇغا بىلەن كەلگەن سورۇندا يېڭىلىپ رەسۋايىئالەم بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  119. فَغُلِبُوا هُنَالِكَ وَانْقَلَبُوا صَاغِرِينَ
    بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە قايتتى) — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ يەردە پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى مەغلۇپ بولۇپ، خار بولغان ھالدا قايتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى شۇ يەردە مەغلۇپ بولدى ۋە كىچىكلىگەن ھالدا قايتتى[21].‏ — ئەنەس ئالىم

  120. (7-سۈرە ئەئراف، 120-ئايەت) ئىمان سەجدە مۇسا
    وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
    سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى — مۇھەممەد سالىھ

    سېھىرگەرلەر سەجدىگە باش قويدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېھىرگەرلەر بولسا، ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە كەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن سېھىرگەرلەر بولسا، ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتى ۋە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي ئاللاھقا ئېھتىرام قىلىش ئۈچۈن سەجدىگە كەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  121. (7-سۈرە ئەئراف، 121-ئايەت) ئىمان تەۋھىد مۇسا
    قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا ئىمان ئېيتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق،‏ — ئەنەس ئالىم

    (121-122) مۇسا كۆرسەتكەن مۆجىزىگە قاراپ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن ، شۇنداقلا سەجدىگە باش قويغان سېھىرگەرلەر: «بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە، يەنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ رەببىگە ئىمان كەلتۈردۇق» دەپ تاشلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  122. (7-سۈرە ئەئراف، 122-ئايەت) تەۋھىد مۇسا
    رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
    مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق)» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!».‏ — ئەنەس ئالىم

  123. (7-سۈرە ئەئراف، 123-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    قَالَ فِرْعَوْنُ آمَنْتُمْ بِهِ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكْرٌ مَكَرْتُمُوهُ فِي الْمَدِينَةِ لِتُخْرِجُوا مِنْهَا أَهْلَهَا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەردىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلار ئىكەن. سىلەر مېنىڭ (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، بۇ سىلەر شەھەردە پىلانلىغان ھىيلىدۇر، شەھەردىن ئاھالىسىنى چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭلار. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (123-124) بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن فىرئەۋن دەرغەزەپ بولۇپ: «سەنلەرگە مەن رۇخسەت قىلماستىن ئىشىنىشەمسەن؟ دېمەككى، بۇ، ئاھالىنى شەھەردىن چىقىرېۋىتىش ئۈچۈن ھەرقايسىڭ شەھەردە تۈزۈشكەن پىلان، يېقىندا بىلىپ قىلىشىسەن، سەنلەرنىڭ قول - پۇتلىرىڭنى ئوڭ - چەپ قىلىپ كەستۈرىمەن، ئاندىن ھەممىڭنى دارغا ئاستۇرىمەن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  124. (7-سۈرە ئەئراف، 124-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
    سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارن ئوڭ ـ سول قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى ئوڭ پۇتۇڭلار بىلەن سول قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    چوقۇم قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن چوقۇم ھەممىڭلارنى دارغا ئاستۇرىمەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  125. قَالُوا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
    دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز — مۇھەممەد سالىھ

    سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    (125-126) يېڭى ئىمان ئېيتقان كونا سېھىرگەرلەر: فىرئەۋنگە، «بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمىز، ئى فىرئەۋن! سەن بىزنىڭ رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگەنلىكىمىزنى يامان كۆرۈۋاتىسەن» دەپ جاۋاب بەردى ۋە: «رەببىمىز! بىزگە سەۋر ياغدۇرغىن، بىزنى ساڭا بويسۇنغان ھالىتىمىزدە ۋاپات قىلدۇرغىن» دەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى. ئالدىنقى ئايەتلەردە، فىرئەۋننىڭ سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى تەھدىت قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ فىرئەۋنگە بەرگەن جاۋابى بىلدۈرۈلىدۇ. 127 ~ 129 - ئايەتلەردە بولسا، سېھىرگەرلەرنىڭ ھادىسىسىدىن كېيىن فىرئەۋن بىلەن شۇ سورۇنغا ھازىر بولغان ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن سوئال - جاۋابلار ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن قەۋمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن گەپ - سۆزلەر بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  126. وَمَا تَنْقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا ۚ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ
    سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    سەن بىزنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. ئى رەببىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ جېنىمىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ئالغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن رەببىمىزنىڭ بىزگە كەلگەن ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزگە نەپرەت قىلىۋاتىسەن. رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن ۋە بىزنى مۇسۇلمانلار ھالىتىمىزدە ۋاپات قىلدۇرغىن».‏ — ئەنەس ئالىم

  127. (7-سۈرە ئەئراف، 127-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوْمَهُ لِيُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَيَذَرَكَ وَآلِهَتَكَ ۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبْنَاءَهُمْ وَنَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ وَإِنَّا فَوْقَهُمْ قَاهِرُونَ
    پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ زېمىندا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشىغا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىشىغا يول قويامسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرىمىز، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز. بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشلىرىغا، بولۇپمۇ مۇسانى، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىۋېتىشىگە قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى[22]. فىرئەۋن: «بىز ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزىمىز، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمران كىشىلەرمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    فىرئەۋننىڭ يېنىدىكى ئەمەلدارلىرى، سېھىرگەرلەرنىڭ ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە فىرئەۋننىڭ تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقىلارنىڭمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ، فىرئەۋننى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە قارشى كۈشكۈرتۈپ: «ئى فىرئەۋن! مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى قويۇۋېتەمسەن؟ سېھىرگەرلەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىسەن. ئەمما مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمى بولغان بەنى ئىسرائىلنى قويۇۋېتەمسەن، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشسۇنمۇ؟ مۇسا سېنى ۋە ئىلاھلىرىڭنى تەرك ئەتسۇنمۇ؟» دېدى، فىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ قىزلىرىنى تىرىك قالدۇرىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھاكىمىيەت ئىگىسىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  128. قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا ۖ إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
    مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئىگە قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا قەۋمىگە: «ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە سەۋر قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، زېمىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە مىراس قىلىپ بېرىدۇ. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭ بولىدۇ» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭلار ۋە سەۋر قىلىڭلار، زېمىن ئاللاھنىڭ بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆز بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئىگە قىلىدۇ، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا خاستۇر» دېدى. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا زېمىنغا ئۆزى خالىغان بەندىلىرىنى ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە زېمىنغا ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالانىڭ زېمىنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن خالايدىغان بەندىلىرى ئۆزىنىڭ «ياخشى بەندىلىرى»دۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  129. قَالُوا أُوذِينَا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَأْتِيَنَا وَمِنْ بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
    ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «سەن بىزگە (پەيغەمبەر بولۇپ) كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىپ، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بولسا: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ بىزگە ئەزىيەت قىلىندى» دېدى. مۇسا: «رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى ۋە سىلەرنى بۇ يەردە ئورۇنباسار قىلىشى، ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    قەۋمى فىرئەۋننىڭ تەھدىتىدىن قورقۇپ ۋە ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قايغۇرۇپ: «ئى مۇسا! ئۇلار بىزگە سەن پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن ئىلگىرىمۇ ئەزىيەت قىلغان، ئەمدى سەن كەلگەندىن كېيىنمۇ ئەزىيەت قىلىدىغان بولدى» دېدى. مۇسا ئۇلارغا ئۈمىد بېرىپ: «رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ زېمىندا سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئورۇنباسار قىلىشى، ئاندىن سىلەر شۈكۈر قىلامسىلەر ياكى كۇفرىلىق قىلامسىلەر سىنىشى مۇمكىن» دېدى. ئالدىنقى ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، قەۋمىگە ئاللاھ تائالانىڭ فىرئەۋن خانىدانىنى ھالاك قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 130 ~ 136 - ئايەتلەردە فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ھالاك قىلىنىش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  130. وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
    ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز فىرئەۋن خانىدانىنى ئويلانسۇن دەپ ئۇلارنى يىللارچە قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بىلەن جازالىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى مۇسانىڭ مۆجىزىلىرىنى، سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە تەھدىتلەرگە پەرۋا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھوشىنى تاپسۇن، ئازغۇنلۇقتىن يانسۇن ۋە توغرا يولغا كىرسۇن دەپ بىرقانچە يىل قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بىلەن جازالاپ ئاگاھلاندۇردۇق، لېكىن ئۇلار بالا - مۇسىبەتلەر بىلەن ھوشىنى تاپمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  131. (7-سۈرە ئەئراف، 131-ئايەت) كاپىرلىق غەپلەت مۇسا
    فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَٰذِهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ ۗ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق ـ مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى»، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا ـ قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئەگەر بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىگە ياخشىلىق كەلگەن چاغدا: «بىزنىڭ تەلىيىمىزدىن كەلدى» دەيتتى. باشلىرىغا بىرەر يامانلىق يەتكەندە بولسا، «مۇسا ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دېيىشەتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ شۇملۇقى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[23].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن بىز ئۇلارنى بۇ نۆۋەت باياشاتلىق، مەمۇرچىلىق ۋە ئازادىچىلىك بىلەن سىنىدۇق. ئۇلار بولسا، ئويلىنىپ توغرا يولغا كېلىش تۈگۈل، كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى. ئۇلار ئازادىچىلىك ۋە باياشاتچىلىقتا، «بىز بۇنىڭغا لايىق» دېدى، قەھەتچىلىك ۋە قىيىنچىلىقتا «بۇ مۇسانىڭ ۋە قەۋمىنىڭ شۇملۇقىدىن» دېدى. ئەسلىدە ئۇلارغا يەتكەن قەھەتچىلىك ۋە قىيىنچىلىق ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن، چۈنكى ئاللاھ كۇفرىلىققا چۆمۈپ كەتكەن ئۇ ئادەملەرنى بەزىدە نېمەت بىلەن سىناشنى، بەزىدە مۇسىبەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشنى خالىغان. شۇنىڭدەك، ئاللاھ يامانلىق قىلغانلارنى جازالاشنى بىر قانۇن قىلىپ بېكىتكەن. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا يامانلىق كېلىشى مۇسانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بولغان مۇئمىنلارنىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلارنىڭ سەۋەبىدىن كەلگەن. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ جازانىڭ ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ تەرىپىدىن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  132. وَقَالُوا مَهْمَا تَأْتِنَا بِهِ مِنْ آيَةٍ لِتَسْحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
    ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «سەن بىزنىڭ كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇساغا: «بىزنى سېھىرلەش ئۈچۈن قانداق ئايەت كەلتۈرسەڭ كەلتۈرگىن، بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار كۇفرىلىق ۋە تەرسالىقتا شۇنچىۋالا ئەزۋەيلىگەن ئىدىكى مۇساغا، «ئى مۇسا! سەن بىزنىڭ كۆزىمىزنى بوياش ئۈچۈن قانداق مۆجىزە كۆرسەتسەڭ كۆرسەتكىن، بىز ساڭا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئەمەس» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  133. فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الطُّوفَانَ وَالْجَرَادَ وَالْقُمَّلَ وَالضَّفَادِعَ وَالدَّمَ آيَاتٍ مُفَصَّلَاتٍ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
    ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىز كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان ئاپەتلىرىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق، (شۇنداقتىمۇ) ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، گۇناھكار قەۋمگە ئايلاندى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا سۇ تاشقىنىنى، چېكەتكىلەرنى، پىتلارنى، پاقىلارنى ۋە قاننى، ھەر بىرىنى ئايرىم مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار يەنىلا چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (133-135) شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا كەلكۈن ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا ۋە قان بالالىرىنى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئايرىم مۆجىزە ھالىتىدە ئەۋەتتۇق. ئۇلار ھەر قېتىمدا مۇسادىن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى، شۇنداقلا ئاللاھ بالانى كۆتۈرۈۋەتكەن تەقدىردە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە بەنى ئىسرائىلنى قويۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەھدە بېرەتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا بالانى كۆتۈرۈۋەتسە يېنىۋالاتتى ۋە تەرسالىقىنى داۋاملاشتۇراتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  134. (7-سۈرە ئەئراف، 134-ئايەت) دۇئا پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ الرِّجْزُ قَالُوا يَا مُوسَى ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ ۖ لَئِنْ كَشَفْتَ عَنَّا الرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
    ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا ئاپەت كەلگەندە، ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدىسى بىلەن بىزدىن (ئاپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ) دۇئا قىلغىن. قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن ئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار، ئۈستىلىرىگە ئۇ پاسكىنىلىق چۈشكەندە: «ئى مۇسا! رەببىڭنىڭ ساڭا قىلغان ئەھدىسىگە ئاساسەن بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن. ئەگەر بىزدىن بۇ پاسكىنىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىشىنىمىز ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن كەتكىلى قويىمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  135. فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الرِّجْزَ إِلَىٰ أَجَلٍ هُمْ بَالِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
    ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئاپەتنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن يۇقىرىقى ۋەدىسىنى بۇزدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئۇ پاسكىنىلىقنى ئۇلار تولدۇرىدىغان بىر مۇددەتنىڭ ئاخىرىغىچە كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  136. فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
    ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدۇق! چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغان.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار مەزكۇر بەش ئاپەتكە ئەنە شۇنداق ئارقا - ئارقىدىن دۇچار قىلىندى ۋە ھەر بىرىگە دۇچ كەلگەن چېغىدا قىلغان ئەھدىسىگە رىئايە قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق؛ ئۇلارنى دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىۋەتتۇق، چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  137. وَأَوْرَثْنَا الْقَوْمَ الَّذِينَ كَانُوا يُسْتَضْعَفُونَ مَشَارِقَ الْأَرْضِ وَمَغَارِبَهَا الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۖ وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ الْحُسْنَىٰ عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ بِمَا صَبَرُوا ۖ وَدَمَّرْنَا مَا كَانَ يَصْنَعُ فِرْعَوْنُ وَقَوْمُهُ وَمَا كَانُوا يَعْرِشُونَ
    بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى ئىسرائى ئەۋلادىنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن (شام) نىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە ئىگە قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە باراڭ قىلغان بىنالىرىنى ۋەيران قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بوزەك قىلىنغان قەۋمنى بولسا، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىننىڭ مەشرىقلىرىگە ۋە مەغرىبلىرىگە مىراسچى قىلدۇق. رەببىڭنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرگەن گۈزەل سۆزى ئەمەلگە ئاشتى[24]، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلدى. بىز فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە ياسىغان باغباراڭلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە فىرئەۋن خانىدانىنى ھالاك قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغان بەنى ئىسرائىلنى ئۆزى بەرىكەتلىك قىلغان زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىگە ئىگە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بىز فىرئەۋن خانىدانىنى ئەنە شۇنداق ھالاك قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئېزىلگەن بەنى ئىسرائىلنى بولسا، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىگە ئىگە قىلدۇق. ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ بەنى ئىسرائىلغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدىكى سۆزى تولۇق ئەمەلگە ئاشقان بولدى، چۈنكى ئۇلار سەۋر قىلغان ئىدى. بىز (ئاللاھ) فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى سالغان ئىمارەت ۋە ياسىغان باغباراڭلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. ئەسكەرتىش: «بەرىكەتلىك زېمىن» - قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقىي شىمال ساھىللىرىدىن باشلاپ ئاق دېڭىزنىڭ ساھىللىرىغا جايلاشقان ۋە ئاناتولىيەگە قەدەر بولغان جايلارنى (پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە سۇرىيە قاتارلىق رايونلارنى) كۆرسىتىدۇ. ئۇ جايلارنىڭ بەنى ئىسرائىلغا ۋەتەن قىلىپ بېرىلىشى شەرتلىك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە ۋە ئاللاھ يولىدا توغرا، دۇرۇس مېڭىشىغا باغلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  138. وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتَوْا عَلَىٰ قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَىٰ أَصْنَامٍ لَهُمْ ۚ قَالُوا يَا مُوسَى اجْعَلْ لَنَا إِلَٰهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ ۚ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
    ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! سەن بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئاندىن ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئوخشاش ئىلاھ قىلىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن جاھىللىق قىلىدىغان قەۋم ئىكەنسىلەر!‏ — ئەنەس ئالىم

    (138-140) بىز مۇسا باشچىلىقىدىكى بەنى ئىسرائىلنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان بىر قەۋمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە مۇسادىن ئۆزلىرىگە ئۇ قەۋمنىڭ ئىلاھلىرىغا ئوخشاش بىرەر ئىلاھ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، مۇسا قاتتىق كايىپ: «سىلەر ئۆتۈپ كەتكەن جاھىل قەۋم ئىكەنسىلەر! بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتقان بۇ ئادەملەرنىڭ دىنى يوق بولۇشقا مەھكۇم، قىلمىشلىرى پايدىسىزدۇر» دېدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە ئەجەبلىنىپ ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «مەن سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمتىم؟! ئاللاھ سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا! سىلەرنىڭ نېمەتكە شۈكۈر قىلىشىڭلار مۇشۇنداق بولامدۇ؟! چوقۇنۇشۇڭلارغا ئاللاھتىن غەيرىي لايىق بولامدۇ؟! كاللا يوقمۇ سىلەردە!» دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە بەنى ئىسرائىل ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا قاتتىق كايىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 141 - ئايەتتە بولسا، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ كايىغانلىقى ۋە بۇنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  139. (7-سۈرە ئەئراف، 139-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك مۇسا
    إِنَّ هَٰؤُلَاءِ مُتَبَّرٌ مَا هُمْ فِيهِ وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئويدۇرما دىنى چوقۇم ھالاك قىلىنغۇچىدۇر، قىلىۋاتقان ئىشلىرى باتىلدۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

  140. قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَٰهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
    مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىمەن؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟ ئاللاھ سىلەرنى زامانداشلىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا!».‏ — ئەنەس ئالىم

  141. وَإِذْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۖ يُقَتِّلُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
    ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، قىزلىرىڭلارنى (خارلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى فىرئەۋن خانىدانىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق. ئۇلار سىلەرگە ئەڭ يامان ئازابنى تېتىتاتتى: ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرگۈزۈپ، قىزلىرىڭلارنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. بۇ رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە چوڭ سىناق ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇسادىن چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت تەلەپ قىلغان كىشىلەر! بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان ئىلتىپاتنى ياد ئېتىڭلار، فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى سىلەرگە ئەڭ ئېغىر جەبىر – جاپالارنى سالاتتى، سىلەرنى كۆپىيىپ قالمىسۇن دەپ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، قىزلىرىڭلارنى چوڭايغاندا دەپسەندە قىلىش ۋە خىزمىتىگە سېلىش ئۈچۈن تىرىك قالدۇراتتى. بىز سىلەرنى ئەنە شۇ زۇلۇم ۋە خورلۇقتىن قۇتقۇزدۇق، دۈشمەنلىرىڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ھالاك قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىش نېمىتىگە شۈكۈر قىلىپ تەۋھىدتە مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلار كېرەك تۇرۇقلۇق، سىلەر قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟! قانداقمۇ ھېچبىر پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇشنى ئارزۇ قىلىسىلەر؟! سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ھەقىقەتەن غەلىتە، تەلىپىڭلار ئىنتايىن قەبىھ! شۇڭلاشقا دەرھال تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ باشچىلىقىدىكى بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ قۇتقۇزغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كىتاب بەرگەن. 142 ~ 145 - ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇ كىتابنى بېرىشى ۋە ئۇنىڭ جەريانى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  142. (7-سۈرە ئەئراف، 142-ئايەت) مۇسا ۋەھىي
    وَوَاعَدْنَا مُوسَىٰ ثَلَاثِينَ لَيْلَةً وَأَتْمَمْنَاهَا بِعَشْرٍ فَتَمَّ مِيقَاتُ رَبِّهِ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ۚ وَقَالَ مُوسَىٰ لِأَخِيهِ هَارُونَ اخْلُفْنِي فِي قَوْمِي وَأَصْلِحْ وَلَا تَتَّبِعْ سَبِيلَ الْمُفْسِدِينَ
    مۇساغا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇساغا ئوتتۇز كېچىنى (ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سۆزلىشىشنى) ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇسا بىلەن ئوتتۇز كېچىنى ۋەدىلەشتۇق. ئۇنى يەنە ئون بىلەن تاماملىدۇق. شۇنىڭ بىلەن رەببىنىڭ تەيىنلىگەن ۋاقتى تولۇق قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «قەۋمىمنىڭ ئىچىدە ئورۇنباسارىم بولغىن، ئىسلاھ قىلغىن ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (142-143) بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا ئايرىم گەپ قىلىش ۋە كىتابنى (تەۋراتنى) بېرىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تۇر تېغىغا كېلىپ قىرىق كېچە ئىبادەت ۋە مۇناجات بىلەن مەشغۇل بولۇشىنى ئېيتقان ئىدۇق، مۇسا بۇنى قوبۇل قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەنە شۇ قىرىق كۈننى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۇر تېغىغا مېڭىش ئالدىدا قېرىندىشى ۋە ياردەمچىسى بولغان ھارۇننى قەۋمىنىڭ ئىچىدە ئورۇنباسارى قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قىلىشى ۋە قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى جېكىلىدى، ئاندىن يولغا چىقىپ بىز بەلگىلىگەن جايغا كەلگەندە بىز ئۇنىڭغا بىۋاسىتە گەپ قىلدۇق. ئۇ بىزنى كۆرۈش تەلىپىدە بولدى، تەلىپىنى رەت قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  143. (7-سۈرە ئەئراف، 143-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى مۇسا ۋەھىي
    وَلَمَّا جَاءَ مُوسَىٰ لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنْظُرْ إِلَيْكَ ۚ قَالَ لَنْ تَرَانِي وَلَٰكِنِ انْظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي ۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقًا ۚ فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ
    مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «ئى رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈۋالاي» دېدى. ئاللاھ: «سەن مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ). لېكىن، تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئۆز ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا ئۆز نۇرىنى غىل-پال چۈشۈرۈشى بىلەن تاغ تۈپتۈز بولۇپ كەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (ئى رەببىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (مۇشۇ دەۋردىكىلەر ئىچىدە سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ تۇنجىسىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىتتا كېلىپ، رەببى ئۇنىڭغا سۆز قىلغان چاغدا: «رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، ساڭا قاراي!» دېدى. رەببى: «مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن. لېكىن شۇ تاغقا قارىغىن. ئەگەر ئۇ ئورنىدا تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ رەببى ئۇ تاغقا تەجەللى قىلغان ئىدى، ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋەتتى. مۇسا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. ھوشىغا كېلىپ: «سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن مۇئمىنلارنىڭ ئاۋۋىلىمەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  144. (7-سۈرە ئەئراف، 144-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى مۇسا ۋەھىي
    قَالَ يَا مُوسَىٰ إِنِّي اصْطَفَيْتُكَ عَلَى النَّاسِ بِرِسَالَاتِي وَبِكَلَامِي فَخُذْ مَا آتَيْتُكَ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم. ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم، مەن ساڭا ئاتا قىلغان نەرسىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، ساڭا ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىنى بېرىشىم بىلەن ۋە سەن بىلەن سۆزلىشىشىم بىلەن سېنى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن قىلدىم. ئۇ ھالدا مەن ساڭا بەرگەن نەرسىلەرنى ئالغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (144-145) ئاندىن ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىمىزنى ئەسلىتىپ، ھەر نەرسە توغرىسىدا نەسىھەت ۋە تەپسىلات ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى بەردۇق ۋە ۋەزىپىسىنى بىلدۈردۇق. شۇنىڭدەك، بىز مۇسا ئارقىلىق مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ بىلدۈردۇق ۋە ئۇلارغا ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۆتمۈشتە توغرا يولدىن چىقىپ ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ يۇرتلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىمىزنى ۋەدە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  145. وَكَتَبْنَا لَهُ فِي الْأَلْوَاحِ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا بِأَحْسَنِهَا ۚ سَأُرِيكُمْ دَارَ الْفَاسِقِينَ
    بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) سەن ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، پات ئارىدا سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇسا ئۈچۈن تەۋراتنىڭ تاختىلىرىدا ھەر نەرسە توغرىسىدا نەسىھەت ۋە ھەر نەرسىنىڭ تەپسىلاتىنى يازدۇق. ئاندىن دېدۇقكى: «بۇلارنى چىڭ تۇتقىن ۋە قەۋمىڭنى بۇيرۇغىن، بۇلارنىڭ ئەڭ گۈزەلىنى تۇتسۇن. مەن يېقىندا سىلەرگە فاسىقلارنىڭ يۇرتىنى كۆرسىتىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

  146. سَأَصْرِفُ عَنْ آيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الْغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
    يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەر يۈزىدە ئورۇنسىز ھالدا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىمدىن يىراقلاشتۇرىمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن زېمىندا ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى يېقىندا ئايەتلىرىمدىن ئۇزاقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق ئايەتلەرنى كۆرسىمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ، توغرا يولنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالمايدۇ، ئازغۇنلۇق يولىنى كۆرسە ئۇنى يول قىلىۋالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (146-147) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە بەنى ئىسرائىلغا توغرا يولدىن چىققانلارنىڭ يۇرتلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتلەردە بولسا، توغرا يولدىن چىقىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، توغرا يولدىن چىققانلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىنى، ئۇلارنىڭ ئۇ ئىلاھىي مۇئامىلىدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇسا! مەن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلارنى، ئايەتلىرىمدىن (قۇدرەت ۋە ئەزىمىتىمنىڭ دەلىللىرىنى چۈشىنىشتىن) بۇرىۋېتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارلىق ئايەتلەرنى كۆرسىمۇ ئىشەنمەيدىغان، توغرا يولنى كۆرسە ماڭمايدىغان، خاتا يولنى كۆرسە ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشى ۋە ئۇلارغا پەرۋا قىلماسلىقىدۇر. ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتكە بېرىپ ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ جازاسىدۇر. ئاللاھ تائالا 142 - ۋە 143 - ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن قىرىق كېچىنى ۋەدىلەشكەنلىكىنى ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، قەۋمىگە قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى مەسئۇل قىلىپ قويۇپ، بەلگىلەنگەن جايغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 148 - ۋە 149 - ئايەتلەردە بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇ جايغا (تۇر تېغىغا) بېرىش ئۈچۈن قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قەۋمىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ۋە خاتالىقىنى تونۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  147. (7-سۈرە ئەئراف، 147-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَلِقَاءِ الْآخِرَةِ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى (ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىغا بېرىشنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان يامان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتكە مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەرنىڭ ئەمەللىرى چوقۇم بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

  148. (7-سۈرە ئەئراف، 148-ئايەت) ئىلاھىي سىناق شېرىك مۇسا
    وَاتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَىٰ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ ۚ أَلَمْ يَرَوْا أَنَّهُ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا ۘ اتَّخَذُوهُ وَكَانُوا ظَالِمِينَ
    مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بۇيۇملىرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسانىڭ قەۋمى مۇسا (پەرۋەردىگارى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن كەتكەن) دىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ (پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئارىيەت ئالغان) زىبۇ-زىننەتلىرىدىن مۆرەيدىغان بىر موزاي ھەيكىلىنى ياسىدى. ئۇلار بۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋېلىپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن[25] ئۆزلىرىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىدىن ياسالغان، مۆرەيدىغان موزاي ھەيكىلىنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇلار ئۇ ھەيكەلنىڭ ئۆزلىرىگە گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە يول كۆرسىتەلمەيغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى ئىلاھ قىلىۋالدى ۋە زالىملار بولدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (148-149) مۇسانىڭ قەۋمىگە كەلسەك، ئۇلار مۇسا رەببى بىلەن سىردىشىش ۋە رەببى بېرىدىغان كىتابنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن، ئالتۇندىن ئىشلەنگەن ۋە موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر موزاي ھەيكىلىگە چوقۇندى. ئۇ ئەخمەقلەر ئۇ ھەيكەلنىڭ گەپ قىلالمايدىغان ۋە توغرا يولغا باشلىيالمايدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى نېمىشقا كۆرمىدى؟ ئۇلار ئۇ ھەيكەلگە چوقۇنۇش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ۋە ئوچۇق - ئاشكارا ئېزىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قاتتىق پۇشايمان قىلدى ۋە: «بىز خاتالىق ئۆتكۈزدۇق، ئەگەر بىزگە رەببىمىز مەرھەمەت ۋە مەغپىرەت قىلمىسا زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى. ئەسكەرتىش: بۇ يەردە (149 - ئايەتتە) بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ، موزايغا چوقۇنغانلىقى، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. مەزكۇر ھەيكەلنى كىمنىڭ ياسىغانلىقى ۋە نېمىدىن ياسىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغانلىقى، تەۋبىسىنىڭ شەكلى ۋە قەۋم سۈپىتىدە تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  149. وَلَمَّا سُقِطَ فِي أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا قَالُوا لَئِنْ لَمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ھەقىقىي ئازغانلىقىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ راستتىنلا ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىدا: «ئەگەر رەببىمىز بىزگە مەرھەمەت قىلمىسا ۋە بىزگە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

  150. (7-سۈرە ئەئراف، 150-ئايەت) سەۋر مۇسا تەۋرات
    وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِنْ بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قەۋمىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار ـ ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەر ئالدىدا كۈلكىگە قويمىغىن. مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا غەزەپلەنگەن ۋە ئېچىنغان ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «سىلەر مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) بەكمۇ يامان ئىش قىپسىلەر ـ ھە!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپ تۇرماي ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلاپ، قېرىندىشى (ھارۇن) نىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! بۇ قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە كۈلكە قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ: «مەندىن كېيىن، يوق چېغىمدا بەك يامان ئىش قىلىپسىلەر! رەببىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى، تاختىلارنى تاشلىدى ۋە قېرىندىشىنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. قېرىندىشى: «ئانامنىڭ ئوغلى! شۈبھىسىزكى، بۇ قەۋم مېنى بوزەك قىلدى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمدى سەنمۇ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ دۈشمەنلەرنى سۆيۈندۈرمىگىن، مېنى بۇ زالىم قەۋمنىڭ قاتارىدا قىلمىغىن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتتى چۈنكى ئۇ تېخى تۇر تېغىدا چاغدا قەۋمىنىڭ موزايغا چوقۇنغانلىقىدىن خەۋەردار قىلىنغان ئىدى ۋە ئۇلارغا ئېيتتى: «مەن رەببىم بىلەن سىردىشىش ۋە رەببىم بېرىدىغان كىتابنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن، يوق چېغىمدا قىلغان ئىشىڭلار نېمىدېگەن يامان! مەن سىلەرگە تەۋھىدنى ئۆگەتكەن ۋە سىلەرنى شېرىكتىن توسقان تۇرسام، سىلەرنىڭ بەزىڭلار موزايغا چوقۇنۇپسىلەر، بەزىڭلار بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپسىلەر! رەببىڭلار مېنى قىرىق كۈنلۈك ئۇچرىشىشقا چاقىرغان، سىلەرنى بۇ مۇددەت توشقۇچىلىك كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان ۋە مەن سىلەرگە بۇ بۇيرۇقنى يەتكۈزگەن. سىلەر قىرىق كۈن توشۇپ مەن قايتىپ كەلگىچە كۈتۈپ بولالماي بۇ قەبىھ ئىشنى قىلىدىڭلارمۇ ۋە رەببىڭلارنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇشقا ئالدىرىدىڭلارمۇ؟!». مۇسا قەۋمىنى ئەنە شۇ شەكىلدە ئەيىبلىگەندىن كېيىن، قولىدىكى (ئايەتلەر يېزىلغان) تاختىلارنى ئاتتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئويلاپ قېرىندىشى ھارۇننىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. بۇ ئەھۋال ئاستىدا ھارۇن ئۇنىڭغا: «ئانامنىڭ ئوغلى! ماڭا بۇنداق قوپاللىق قىلمىغىن. بۇ ئادەملەر موزايغا چوقۇنۇشتىن توسسام مېنى بوزەك قىلدى ۋە ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. قېرىندىشىم! ئەمدى سەن مېنى بۇنداق دۆشكەلەپ دۈشمەنلەرنى سۆيۈندۈرمىگىن ۋە ماڭا موزايغا چوقۇنغانغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلمىغىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  151. (7-سۈرە ئەئراف، 151-ئايەت) تۆۋە-ئىستىغپار دۇئا مۇسا
    قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا: «رەببىم! مېنى ۋە قېرىندىشىمنى كەچۈرگىن ۋە بىزنى رەھمىتىڭگە كىرگۈزگىن. سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئۇلارنىڭ موزايغا چوقۇنۇشىدا قېرىندىشى ھارۇننىڭ بىرەر قۇسۇر ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ قەبىھ ئىشىغا سەل قارىمىغانلىقىنى، ئەكسىچە قولىدىن كېلىشىچە ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ، ئۆزىگە ۋە قېرىندىشى ھارۇنغا مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت تىلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  152. (7-سۈرە ئەئراف، 152-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب شېرىك مۇسا
    إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ
    شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (ئاللاھقا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، يالغاننى توقۇپ چىققۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، موزايغا چوقۇنغانلارغا يېقىندا رەببىدىن غەزەپ ۋە دۇنيا ھاياتىدا خارلىق يېتىدۇ. بىز بوھتان چاپلىغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    (152-153) (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «موزايغا چوقۇنغانلار يېقىندا رەببىنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە دۇنيادا خارلىقتا قالىدۇ. بىز شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىزگە تۆھمەت قىلغانلارنى مۇشۇنداق جازالايمىز. يامانلىق قىلغاندىن كېيىن سەمىمىي ھالدا تەۋبە قىلىپ تەۋبىسىدە تۇرغانلار مەغپىرەت قىلىنىدۇ ۋە مەرھەمەتكە ئېرىشىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  153. وَالَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ ثُمَّ تَابُوا مِنْ بَعْدِهَا وَآمَنُوا إِنَّ رَبَّكَ مِنْ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
    يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارغا تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يامان ئىشلارنى قىلىپ ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا كەلسەك، رەببىڭ ئۇ تەۋبە ۋە ئىماندىن كېيىن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  154. وَلَمَّا سَكَتَ عَنْ مُوسَى الْغَضَبُ أَخَذَ الْأَلْوَاحَ ۖ وَفِي نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ
    مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا ‹پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردىكى تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا غەزىپى بېسىققاندا تاختىلارنى ئالدى. ئۇلارغا يېزىلغانلاردا رەببىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بار ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسانىڭ ئاچچىقى چىققاندىن كېيىن بايا ئاچچىقلاپ يەرگە ئاتقان تاختىلارنى ئالدى. ئۇ تاختىلارغا يېزىلغان ئايەتلەر رەببىنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت ئىدى. ئەسكەرتىش: ئۇلارنىڭ يېقىندا دۇچار بولۇشى ئېيتىلغان «ئىلاھىي غەزەپ» ۋە دۇنيا ھاياتىدا يولۇقۇشى ئېيتىلغان «خارلىق» ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (موزاي ھەيكىلىگە چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى) ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇلۇشىدۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىدىن تۇر تېغىدا تۇرۇپ خەۋەردار بولغان، شۇنداقلا ئاچچىقلانغان ۋە ئىچى پۇشقان ھالدا قايتىپ كېلىپ ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن كېيىن بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە ۋاكالىتەن ئۆزرە ئېيتىشلىرى ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قەۋمنىڭ ئىچىدىن (موزايغا چوقۇنمىغانلاردىن) يەتمىش كىشىنى تاللاپ تۇر تېغىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلىگەن. 155 ~ 157 - ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، قەۋمىدىن ئەنە شۇ يەتمىش كىشىنى تاللاپ بەلگىلەنگەن جايغا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن ھادىسىلەر بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  155. (7-سۈرە ئەئراف، 155-ئايەت) ئىلاھىي سىناق دۇئا مۇسا
    وَاخْتَارَ مُوسَىٰ قَوْمَهُ سَبْعِينَ رَجُلًا لِمِيقَاتِنَا ۖ فَلَمَّا أَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُمْ مِنْ قَبْلُ وَإِيَّايَ ۖ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ السُّفَهَاءُ مِنَّا ۖ إِنْ هِيَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَنْ تَشَاءُ وَتَهْدِي مَنْ تَشَاءُ ۖ أَنْتَ وَلِيُّنَا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۖ وَأَنْتَ خَيْرُ الْغَافِرِينَ
    مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا (تۇر تېغىغا) ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلار يەر تەۋرەشكە دۇچ كەلگەندە، مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! خالىغان بولساڭ، ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن، بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى گۇمراھلىقىدا قالدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىت ئۈچۈن قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باسقان چاغدا، مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! خالىغان بولساڭ، بۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلىۋەتكەن بولاتتىڭ. ئىچىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. سەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىسەن. سەن بىزنىڭ ۋەلىيىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن. سەن مەغپىرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسدۇرسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئەمرىمىز بويىچە قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللاپ، تۇر تېغىغا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېلىپ، ھەممە بىرلىكتە بىزگە ئىلتىجا قىلىپ يالۋۇردى ۋە ئۆزرە ئېيتتى. ئۇ ئەسنادا ئۇ يەردە قاتتىق يەر تەۋرىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىزگە ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى رەببىم! خالىساڭ بۇلارنى ۋە مېنى بىز بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى ھالاك قىلاتتىڭ. رەببىم! ئەمدى بىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلگەندە بىزنى ئىچىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ (بەنى ئىسرائىلدىن موزايغا چوقۇنغانلارنىڭ) قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلامسەن؟ رەببىم! بەنى ئسرائىلنىڭ ئالدىغا موزاي ھەيكىلىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ ھەيكەلگە چوقۇنۇشقا دەۋەت قىلىنىشى سېنىڭ سىنىقىڭ بولۇپ، سەن ئۇ ئىش ئارقىلىق ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى (موزايغا چوقۇنۇش دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىنى) ئازدۇردۇڭ، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى (موزايغا چوقۇنۇش دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىنى) ھىدايەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزدۇڭ. رەببىم! سەن مېنىڭ مەدەتكارىم ۋە ھامىيىمسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن، سەن مەغپىرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  156. (7-سۈرە ئەئراف، 156-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى دۇئا مۇسا
    وَاكْتُبْ لَنَا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ إِنَّا هُدْنَا إِلَيْكَ ۚ قَالَ عَذَابِي أُصِيبُ بِهِ مَنْ أَشَاءُ ۖ وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ ۚ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ
    بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئازابىم بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفردىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، زاكات بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يازغىن. بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا كىردۇق». ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئازابىمنى ئۆزۈم خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمەن. رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يېقىندا ئۇنى تەقۋادارلىق قىلىدىغان ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلارغا، ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغا يازىمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    (156-157) رەببىم! بىزگە بۇ دۇنيادا ياخشى ھايات نېسىپ قىلغىن، ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلغىن، بىز ھۇزۇرۇڭغا كەلدۇق، يولۇڭغا قايتتۇق، ئەپۇ سورايمىز ئەپۇ قىلغىن، ئۆزرە ئېيتىمىز قوبۇل قىلغىن». مۇسانىڭ بۇ تىلەكلىرىدىن كېيىن بىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ئازابىمنى ئۆزۈم خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمەن، رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچى ئالغان، ئۇنى مۇنۇ ئىككى تۈرلۈك كىشىلەرگە نېسىپ قىلىمەن: 1) سېنىڭ قەۋمىڭدىن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن كېلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىدىن تەقۋادارلىق قىلغان ۋە زاكاتنى بەرگەنلەرگە نېسىپ قىلىمەن. 2) تەۋرات ئەھلىدىن ۋە مەن بۇنىڭدىن كېيىن نازىل قىلىدىغان ئىنجىل ئەھلىدىن، ئۆز كىتابلىرىدا بېشارەت بېرىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇنى قوللىغان، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا بويسۇنغانلارغا نېسىپ قىلىمەن. مۇھەممەد پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن پەقەت ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ كىتابىغا بويسۇنغان كىشىلەرلا نىجات تاپىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  157. الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِنْدَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُمْ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنْزِلَ مَعَهُ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئەلچىگە ـ ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن (يەنى قىيىنچىلىقلاردىن) بوشىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

  158. قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا، ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، (شۇنىڭدەك) ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسىگە – ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى خاس بولغان زاتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغان ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، ھىدايەت تاپالايسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈپ ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا بويسۇنغانلارنىڭلا نىجات تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭلا نىجات تاپىدىغانلىقى»نىڭ دەلىلىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشكە ۋە ئەگىشىشكە بۇيرۇپ نىجات تېپىشنىڭ سەۋەبىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلارنى ئۆز ھېكمىتى بويىچە يارىتىپ ئۆزى خالىغان بويىچە باشقۇرۇۋاتقان، يەككە - يېگانە ئىلاھ بولغان، خالىغىنىنى ياشىتىۋاتقان ۋە خالىغىنىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ (ئەرەب، ئەجەم، ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك ۋەھاكازا،... ھېچ پەرقسىز) ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئى ئىنسانلار! ئۇنداقتا ھەممىڭلار ئاللاھقا ئىشىنىڭلار، ئاللاھنىڭ نەبى ۋە ئۇممىي ئەلچىسى بولغان ماڭا (مۇھەممەدكە) ئىشىنىڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھىدايەت تاپالايسىلەر». ئاللاھ تائالا 148 - ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ موزاي ھەيكىلىگە چوقۇنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 159 - ئايەتتە بولسا، ئۇ قەۋمنىڭ ھەممىسىنىڭ يامان ئادەملەر ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە توغرا يول رەھبەرلىرى بولغان بىر جامائەنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىدۇ، ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  159. (7-سۈرە ئەئراف، 159-ئايەت) ئادالەت كىتاب ئەھلى مۇسا
    وَمِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
    مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسانىڭ قەۋمى ئىچىدە ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئادىللىق قىلىدىغان بىر ئۇممەت بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ھەممىسى ئەسكى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقان، ھەق يولغا باشقىلارنى يېتەكلەۋاتقان ۋە ھەقنى ئىجرا قىلىپ ئادالەتنى بەرپا قىلىۋاتقان بىر جامائە بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  160. وَقَطَّعْنَاهُمُ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ إِذِ اسْتَسْقَاهُ قَوْمُهُ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْبَجَسَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْهِمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
    ۇلار (بەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نى ئون ئىككى تارماق، يەنى قەبىلە قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىش ئارقىلىق) بىزگە زىيان سالمىدى، لېكىن ئۆزىگە زىيان سالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى پارچە - پارچە ئۇممەتلەر ھالىتىدە ئون ئىككى قەبىلىگە ئايرىدۇق. مۇسادىن قەۋمى سۇ تەلەپ قىلغان چاغدا بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن شۇ تاشقا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسا ھاسىسىنى ئۇ تاشقا ئۇرغان ئىدى، دەرھال ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق ۋە ئۇلارغا تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. «بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقلارنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلاتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى ئۆزئارا ھەسەت ۋە تەپرىقىچىلىك قىلىشماسلىقى ئۈچۈن ھەر نەسىلنى (يەقۇبنىڭ ھەر ئوغلىنىڭ ئەۋلادىنى) ئۆز ئالدىغا قائىدە - تۈزۈمى بولغان بىر قەبىلە قىلدۇق. بولۇپمۇ ئۇلار چۆلدە تەشنالىق تارتقاندا تاشتىن مۆجىزىلىك شەكىلدە ھەر قەبىلىگە ئايرىم سۇ چىقىرىپ بەردۇق، ئاپتاپ چېقىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئاچ قالماسلىقى ئۈچۈن تەييار نان بولغان «مەننە»نى ۋە ئۇلارنى گۆش بىلەن تەمىنلەيدىغان بۆدۈنە قۇشلىرىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق، ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىپ: «بىز ئاتا قىلغان بۇ پاك ۋە مەززىلىك تاماقلاردىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بۇ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  161. وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەردە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستە) تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئىگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، (شۇ ۋاقتىدا) بىز بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېيىلگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «شۇ يۇرتقا يەرلىشىڭلار، ئۇنىڭدىن خالىغان يېرىڭلاردا يەڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار ۋە دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغا ھالدا كىرىڭلار[26]. شۇنداق قىلساڭلار، خاتالىقلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېيىلگەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ زامانىڭدىكى بەنى ئىسرائىلغا ئەجدادىنىڭ مۇنۇ قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا بىز مۇسا ئارقىلىق (بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى بولغان) بەنى ئىسرائىلغا، «شۇ يۇرتقا كىرىپ يەرلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا پايدىلىنىڭلار، ‹تىلىكىمىز ئەپۇ قىلىنىشىمىزدۇر› دەڭلار ۋە ئۇ يۇرتنىڭ دەرۋازىسىدىن بېشىڭلارنى ئېگىپ كەمتەرلىك بىلەن كىرىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار خاتالىقلىرىڭلارنى كەچۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىمىز» دېگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  162. (7-سۈرە ئەئراف، 162-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كىتاب ئەھلى مۇسا
    فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَظْلِمُونَ
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۆزىگە ئېيتىلغان سۆزلەرنى باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى، مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن زۇلۇم قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىگە دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆز بىلەن ئالماشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئاسماندىن پاسكىنىلىق چۈشۈردۇق، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى. ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار بولسا، زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئېيتىلغان سۆزگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق. ئەسكەرتىش: «سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» - كەمتەرلىك بىلەن كىرىڭلار، ئاللاھقا ئېھتىرام قىلغان ھالدا كىرىڭلار دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا 161 - ۋە 162 - ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدا بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ كۇفرىلىق قىلىپ جازالاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 163 ~ 166 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ قەۋمدىن مەلۇم بىر كەنتتە ياشايدىغان ئاھالىنىڭ كۇفرىلىق قىلىپ جازالاندۇرۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بىر جامائەنىڭ نىجات تاپقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  163. وَاسْأَلْهُمْ عَنِ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ حَاضِرَةَ الْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِي السَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ ۙ لَا تَأْتِيهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَبْلُوهُمْ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى. پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى شەھەر (ئەيلە) نىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۇنىڭ ئاھالىسى شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇپ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقىپ كېتەتتى. چۈنكى، شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ يۇرتنىڭ خەلقى شەنبە كۈنىدە ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەك بولغان شەنبە كۈنىدە ئالدىلىرىغا توپ - توپ ھالدا كېلەتتى، شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلىرىدە كەلمەيتتى. بىز ئۇلارنى يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ زامانىڭدا ياشاۋاتقان بەنى ئىسرائىلدىن ئۆز ۋاقتىدا دېڭىز بويىدىكى كەنتتە ياشايدىغان ئەجدادىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. بىز ئۇلارنى شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشتىن چەكلىگەن ئىدۇق، ئۇلار بۇ چەكلىمىگە رىئايە قىلماي شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتاتتى، چۈنكى شەنبە كۈنىدە بېلىقلار ئۇلار تەرەپكە توپ - توپ ھالەتتە كېلەتتى، شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە كەلمەيتتى. ئۇلار يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى شۇنداق سىنىغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  164. وَإِذْ قَالَتْ أُمَّةٌ مِنْهُمْ لِمَ تَعِظُونَ قَوْمًا ۙ اللَّهُ مُهْلِكُهُمْ أَوْ مُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ قَالُوا مَعْذِرَةً إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار (يەنى ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىلار): «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (گۇناھقا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ (گۇناھتىن چەكلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە ئادەم(ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىلارغا) : «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە سىلەر نېمە ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى. ئۇ ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىلار: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلدۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتىشىمىز ۋە ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىغۇچىلارنىڭ گۇناھتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئۇممەت: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «رەببىڭلارغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئومۇمىي بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ھەق يولدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە باشقىلارنى ھەقكە يېتەكلەيدىغان بىر جامائە بولغانغا ئوخشاش، بەنى ئىسرائىلدىن مەزكۇر كەنتتە ياشايدىغان ئاھالىنىڭ ئىچىدىمۇ ھەق يولدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە باشقىلارنى ھەقكە يېتەكلەيدىغان بىر جامائە بار ئىدى، بۇ جامائە شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتقانلارغا بېلىق تۇتماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇراتتى ۋە بېلىق تۇتۇشتىن چەكلەيتتى. بىر كۈنى ئۇ كەنت ئاھالىسىدىن باشقا بىر جامائە بېلىق تۇتقان ئەسكى جامائەنىڭ يامانلىقنى تەرك ئېتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بۇ دەۋەتچى جامائەگە: «ئاۋارە بولماڭلار، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغان بىكار، پايدىسى يوق، ئۇلار ئادەم بولمايدۇ، ئۇلار يا ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشىغا ياكى قاتتىق ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ دەۋەتچى جامائە بۇ ئۈمىدسىز جامائەگە: «بىز ئۇلارغا بىرى قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ يامانلىقتىن يېنىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن نەسىھەت قىلىۋاتىمىز، ئەسلىدە سىلەرنىڭمۇ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشىڭلار كېرەك، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى ياراتقان، ياشىتىۋاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان، شۇنداقلا سىلەردىن قىيامەت كۈنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ۋەزىپەڭلارنى ئادا قىلىپ قىلمىغانلىقىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان زاتتۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  165. فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ أَنْجَيْنَا الَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ السُّوءِ وَأَخَذْنَا الَّذِينَ ظَلَمُوا بِعَذَابٍ بَئِيسٍ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
    ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۆزىگە قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن توسقۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن ئىلىمنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز يامانلىقتىن توسىدىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزدۇق، زالىملىق قىلغان كىشىلەرنى شىددەتلىك ئازاب بىلەن جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىققان ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (165-166) ئۇ كەنتنىڭ ئاھالىسى ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي يامانلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى، بىز (ئاللاھ) دەۋەتچى جامائەنى قۇتقۇزۇپ، يامانلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىدۇق: ئۇلارنى چەكلىمىگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن خار مايمۇنلارغا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  166. (7-سۈرە ئەئراف، 166-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كىتاب ئەھلى
    فَلَمَّا عَتَوْا عَنْ مَا نُهُوا عَنْهُ قُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
    ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار چەكلەنگەن ئىشنى تاشلاشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرى چەكلەنگەن ئىشنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقان چاغدا، ئۇلارغا: «خار مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!» دېدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

  167. وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبْعَثَنَّ عَلَيْهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ يَسُومُهُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ ۖ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا قىيامەتكىچە ئۇلارنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇلارغا يامان ئازابنى تېتىتىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ (ئاللاھ) بەنى ئىسرائىلغا يامان ئازابنى تېتىدىغان ئادەملەرنى قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، چۈنكى رەببىڭ گۇناھتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى جازالاشقا ئالدىرايدۇ. گۇناھنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ ئاندىن تەۋبە قىلغان، شۇنداقلا ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا بۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئېلان قىلغان ۋە ئۇلارغا گۇناھتا ئەزۋەيلىگەن چاغلىرىدا ئازاب تېتىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكەن، توغرا يولدا ماڭغان چاغلىرىدا رەھمەت ئەۋەتكەن، شۇنداقلا بۇنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  168. (7-سۈرە ئەئراف، 168-ئايەت) ئىلاھىي سىناق كىتاب ئەھلى
    وَقَطَّعْنَاهُمْ فِي الْأَرْضِ أُمَمًا ۖ مِنْهُمُ الصَّالِحُونَ وَمِنْهُمْ دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَبَلَوْنَاهُمْ بِالْحَسَنَاتِ وَالسَّيِّئَاتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
    ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشىلىرىدىن تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىقچىلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن سىنىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلار) نى يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشى ئەمەسلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ ھوشىنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى باياشاتچىلىق ۋە قاتتىقچىلىق بىلەن سىنىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى زېمىندا پارچە - پارچە ئۇممەتلەرگە ئايرىدۇق. ئۇلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ بار، تۆۋەنلىرىمۇ بار. بىز ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ ياخشىلىقلار ۋە يامانلىقلار بىلەن سىنىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز بەنى ئىسرائىلنى يەر يۈزىدە پارچە - پارچە گۇرۇھلارغا ئايرىۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشى ئىش قىلىدىغان ۋە باشقىلارنى ياخشى ئىشقا دەۋت قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بار. ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا يېتەرسىزلىك قىلىدىغان، ھەتتا ھېچ ئادا قىلمايدىغان كىشىلەرمۇ بار. بىز ئۇلارنى ھوشىنى تاپسۇن، يامان يولدىن يانسۇن ۋە ھەقكە قايتسۇن دەپ باياشاتچىلىق ۋە قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  169. فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ وَرِثُوا الْكِتَابَ يَأْخُذُونَ عَرَضَ هَٰذَا الْأَدْنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغْفَرُ لَنَا وَإِنْ يَأْتِهِمْ عَرَضٌ مِثْلُهُ يَأْخُذُوهُ ۚ أَلَمْ يُؤْخَذْ عَلَيْهِمْ مِيثَاقُ الْكِتَابِ أَنْ لَا يَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ وَدَرَسُوا مَا فِيهِ ۗ وَالدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ، ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) ئاللاھقا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىن ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى، ھارامنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن كېيىن يامان ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال-ھارامنى دېمەي) ئېلىۋېرىدۇ، ۋە «بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتاب (تەۋرات) تا ئاللاھ ئۈستىدە پەقەت ھەقنىلا ئېيتىش توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىڭ ۋەدە ئېلىنغان ئەمەسمىدى؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ئىدى. ھارامنى ئالمايدىغان، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان نەسىل كەلدى. ئۇلار كىتابقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇلار شۇ قەدىرسىز دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مەنپەئەتىنى ئېلىپ: «كېلەچەكتە ئەپۇ قىلىنىمىز» دەيتتى. ئەگەر ئۇلار يەنە شۇنداق مەنپەئەت قوللىرىغا كەلسە ئۇنىمۇ ئالاتتى. ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ نامىدىن ھەقنىلا سۆزلەشلىرى توغرۇلۇق كىتابتا ئەھدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇ كىتابتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇپ ئۆگەنمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلاردىن كېيىن يامان بىر نەسىل دۇنياغا كەلدى. بۇ يامان نەسىل ئەجدادىدىن كىتابنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئوقۇدى ۋە ئۆگەندى، لېكىن كىتابنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنمىدى. ئۇ يامان نەسىل ئۆز قوللىرىدىكى كىتابتا چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، پارىخورلۇق ۋە جازانىخورلۇقتەك ھارام ئىشلارنى قىلىپ دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەتتى ۋە: «ئاللاھ گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلار» دەپ ئاللاھتىن باتىل ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى، لېكىن يەنە شۇنداق ھارام يوللاردىن دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتى قولىغا كېلىپ قالسا ئۇنىمۇ ئېلىپ ھارام يېيىشنى داۋاملاشتۇراتتى. ئۇلاردىن تەۋراتقا ئەمەل قىلىش ۋە ئاللاھقا تۆھمەت قىلماسلىق توغرۇلۇق ئەھدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئېلىندى، ئۇلار كىتابتىكى ھۆكۈملەرنى ئۆگەندى، لېكىن دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنمىدى. ئاخىرەت يۇرتىدىكى ئەبەدىي نېمەتلەر ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئى ئەخمەقلەر! ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  170. وَالَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِالْكِتَابِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُصْلِحِينَ
    كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايا قىلىۋەتمەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    كىتابقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلار، نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغانلارغا كەلسەك، بىز بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىتابنى چىڭ تۇتىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇ ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    كىتابقا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلغان، بولۇپمۇ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەنلەرگە كەلسەك، بىز ئۇ ئىسلاھ قىلغۇچىلارنىڭ (ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تۈزىتىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلغانلارنىڭ) ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  171. وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق. ئۇلار تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەرنىڭ تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرگەن ئىدۇق، تاغ خۇددى سايىۋەندەك ئىدى. ئۇلار بۇ تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. بىز بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە بەرگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، تەقۋادار بولالايسىلەر!» دېگەن ئىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى قومۇرۇپ، بەنى ئىسرائىلنىڭ باشلىرىنىڭ ئۈستىدە تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇلاردىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئۇلار ئۇ تاغنىڭ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. بىز ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە بەرگەن بۇ كىتابنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلىملەرنى ئېسىڭلارغا ئېلىپ ساقلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تەقۋادارلىق قىلالايسىلەر» دېگەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  172. وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنْ بَنِي آدَمَ مِنْ ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۛ شَهِدْنَا ۛ أَنْ تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَٰذَا غَافِلِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارمۇ: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەن ئىدى. بۇنداق قىلىشىمىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىزلا بار، گۇمراھلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ ئادەم بالىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ بەللىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ھەئە، رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! بۇ «بىز بۇنىڭدىن غاپىل ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ ئادەمنىڭ بالىلىرىنىڭ پۇشتىلىرىدىن ئۇلارنىڭ نەسىللىرىنى ئالغان ۋە ئۆزىنىڭ رەب ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى ئارقىلىق: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمۇ؟» دەپ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھچى قىلغان چاغدا ئۇلار: «ئەلۋەتتە، سەن بىزنىڭ رەببىمىزدۇرسەن، بىز بۇنىڭغا گۇۋاھچى بولدۇق» دېدى. ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار بۇ ئەھدىنى، قىيامەت كۈنى: «بىز بۇ تەۋھىدتىن خەۋەرسىز ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  173. أَوْ تَقُولُوا إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى: «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز بولساق ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن نەسىل ئىدۇق. باتىلغا چۆمگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياكى: «ئاتا - بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرگەن ئىكەن، بىز ئۇلاردىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن نەسىل ئىدۇق، شېرىك كەلتۈرۈشنى ئۇلار پەيدا قىلغان ئىكەن، بىز ئۇلارغا ئەگەشتۇق، ئەمدى سەن بىزنى ئۇلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ھەر بىرىڭلاردىن ئايرىم - ئايرىم ئالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  174. (7-سۈرە ئەئراف، 174-ئايەت) قۇرئاننىڭ ھىدايىتى
    وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ وَلَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
    ئۇلارنىڭ (گۇمراھلىقتىن، ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ (گۇمراھلىقتىن، ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتىن) قايتىشى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى چۈشىنىپ قايتسۇن دەپ[27] ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. ‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئادەمنىڭ بالىلىرىنىڭ شېرىك كەلتۈرمەسلىكى ۋە ئاتا بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى ئەنە شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: ئاللاھ تائالا كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە بىر ئالەم (ئالامەت) سۈپىتىدە ياراتقان. ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىنساننى بولسا، ئۆز ئەقلى بىلەن بۇ ھەقىقەتنى تاپالايدىغان قابىلىيەتتە ياراتقان، شۇنداقلا ئۆزىنى «ئالەملەرنىڭ رەببى»، ئۇ نەرسىلەرنى «ئالەملەر» دەپ تونۇشتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىنسان دۇنياغا كۆز ئېچىپلا ئەتراپقا قىزىقىش بىلەن قارايدۇ ۋە ئەقلىگە كەلگەندە ئۆزىدىن «بۇنى كىم ياراتتى؟ ئۇنى كىم ياراتتى؟ مېنى كىم ياراتتى؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقا باشلايدۇ ۋە جاۋابىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئاتا - ئانىسىدىن ياكى چوڭلاردىن بۇ ھەقتە سوئاللار سورايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشاپ، بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا (بېلىدىن نەسلىنىڭ ئۇرۇقى ئېلىنىدىغان ياشقا يەتكەن چاغدا) ئاللاھ تائالا ئۇ ئالەملەر ئارقىلىق يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمان، قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، بۇلۇت، يامغۇر ۋە ئۇچارقاناتلار، ئاستىدىكى زېمىن، ئەتراپىدىكى دېڭىز - دەريا، دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ، ئوت - چۆپ ۋە ئېكىنلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇلىقىغا: «ھەي مەخلۇق! ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە باققۇچى مەن ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ- دە، ئۇ ئىچىدە: «شۇنداق، ياراتقۇچى ئەلۋەتتە سەندۇرسەن يارەب! مەن بۇنى ئەمدى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلدىم» دەيدۇ ۋە ئىزدىنىشتىن توختايدۇ، باشقىسىدىن سوئال سوراشقىمۇ ئېھتىياج ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ رەب (ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى) ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھنى يەككە - يېگانە ئىلاھ دەپ تونۇمىغان مۇشرىكلارمۇ: «ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى كىم» دېگەن مەنىدىكى سوئاللارغا ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان چاغلىرىدا ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرىدۇ. 172 ~ 174 - ئايەتلەردە، دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا كائىناتتىكى دەلىللەرگە قاراپ، ئاللاھنىڭ رەب (ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى) ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن قىيامەت كۈنى ھېچكىمنىڭ شېرىككە باھانە كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلىدۇ. 175 ~ 178 - ئايەتلەردە بولسا، ئايەتلەرگە بويۇنتاۋلىق قىلىش بىلەن ئۆزى بەرگەن مەزكۇر گۇۋاھلىققا رىئايە قىلمىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى چۈشۈرگەن ئادەمنىڭ ئەھۋالى بىلدۈرۈلىدۇ ۋە باشقىلار تەپەككۇر قىلىپ ئىبرەت ئېلىشقا تەرغىب قىلىنىدۇ، ھىدايەت تېپىشنىڭ ۋە ئېزىپ كېتىشنىڭ ئىلاھىي سىستېما بويىچە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  175. وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ الَّذِي آتَيْنَاهُ آيَاتِنَا فَانْسَلَخَ مِنْهَا فَأَتْبَعَهُ الشَّيْطَانُ فَكَانَ مِنَ الْغَاوِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللاھنىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولۇشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇ ئادەمگە ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتىۋىدى، شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مۇنۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ چىقتى. شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازغۇنلاردىن بولۇپ كەتتى‏‎.‎ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە ۋە بۇ قۇرئان يېتىپ بارغان ھەر ئىنسانغا، ئايەتلىرىمىزگە بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغان ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەن، شۇنداقلا ئازغۇنلاردىن بولۇپ كەتكەن كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  176. وَلَوْ شِئْنَا لَرَفَعْنَاهُ بِهَا وَلَٰكِنَّهُ أَخْلَدَ إِلَى الْأَرْضِ وَاتَّبَعَ هَوَاهُ ۚ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ الْكَلْبِ إِنْ تَحْمِلْ عَلَيْهِ يَلْهَثْ أَوْ تَتْرُكْهُ يَلْهَثْ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ فَاقْصُصِ الْقَصَصَ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى - خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ. بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر. قەۋمىڭنىڭ ئويلاپ بېقىشى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز خالىغان بولساق ئۇنى ئايەتلىرىمىز بىلەن يۈكسەلدۈرەتتۇق. لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى خۇددى شۇ ئىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش: ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ. ئەنە شۇ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىدۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا بۇ قىسسەنى بايان قىلغىن، تەپەككۇر قىلغاي[28].‏ — ئەنەس ئالىم

    (176-177) ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ئۇ كىشىنى ئايەتلىرىمىز بىلەن ئالىي دەرىجىلەرگە يۈكسەلدۈرەتتۇق. لېكىن بىز بۇنى خالىمىدۇق، چۈنكى ئۇ كىشى نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى، ھاۋايى - ھەۋەسكە بېرىلدى ۋە كەيپ - ساپاغا چۆمدى. ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق تىلىنى چىقىرىپ ھاسىراپ تۇرىدىغان ئىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئايەتلىرىمىزگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇدۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىپ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىسسەسىنى بايان قىلغىن. ئايەتلىرىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  177. (7-سۈرە ئەئراف، 177-ئايەت) كاپىرلىق تارىختىن ساۋاقلار
    سَاءَ مَثَلًا الْقَوْمُ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَأَنْفُسَهُمْ كَانُوا يَظْلِمُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقىرىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! ‏ — ئەنەس ئالىم

  178. مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قويغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازۇدۇرۇۋەتسە، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا ئۇ كىشى ھىدايەت تاپىدۇ، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە ئۇ كىشى زىيان تارتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالى مىسال كەلتۈرۈلۈپ چۈشەندۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنىڭ ھىدايەت تاپىدىغانلىقىنىڭ ۋە ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەن كىشىنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنىڭ بايان قىلىنىشى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا، ھىدايەتكە ئىنتىلگەن، ھەقنى ئىزدىگەن ۋە كۆرگەن ھامان ئۇنى قوبۇل قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ (توغرا يولدا دەپ قوبۇل قىلىدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدۇ). ئۆزىنى دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىگە ئەسىر قىلىش، نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنۇش بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنسانلىق قىممىتىنى ۋە ئىنسانلىق ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان، شۇنداقلا فىترىتىنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە ئەقلىنىڭ ئۈندەشلىرىدىن قەتئىينەزەر ئايەتلەرگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارنى ئازدۇرۇۋېتىدۇ (ئازغۇن دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  179. وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَا يَسْمَعُونَ بِهَا ۚ أُولَٰئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى (ئۆزىنىڭ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخقا كىرىدىغان) نۇرغۇن جىن ۋە ئىنسانلارنى دوزاخ ئۈچۈن ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرى بارۇ، چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بارۇ، كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بارۇ، ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر. بەلكى ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، بىز جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ، قەلبلىرى بىلەن ئايەتلەرنى چۈشەنمەيدىغان، كۆزلىرى بىلەن تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى كۆرمەيدىغان ۋە قۇلاقلىرى بىلەن نەسىھەتلەرنى ئاڭلىمايدىغان سۈپەتتىكى نۇرغۇنلىرىنى جەھەننەمگە يەرلىشىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشى ئۈچۈن ياراتتۇق. ئۇلار ئايەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قۇلاق، كۆز، دىللىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قابىلىيىتىنى يېيىش - ئىچىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىدىغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن غاپىلدۇر. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە دەلىل بولىدىغان شەكىلدە ياراتقان، ئىنسانلارنى ئۇ دەلىللەرگە قاراپ ھەقنى (ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىنى) تونۇپ يېتەلەيدىغان قابىلىيەتتە ياراتقان ۋە ئۇلارغا ئۇ ھەقكە بويسۇنۇش بويسۇنماسلىق توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ئاندىن بارلىق ئىنسانلارنى ئوخشاشلا ھەقكە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلغان. بەزىلەر ئۆزلىرىگە بېرىلگەن مەزكۇر تاللاش ئىختىيارىنى ياخشى يولنى تاللاشقا، بەزىلەر يامان يولنى تاللاشقا ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى دوزاخقا يارىتىلغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  180. وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىدىغانلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئاللاھنىڭدۇر. سىلەر ئاللاھنى ئۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى تەرك ئېتىڭلار. يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئالدىنقى ئايەتتە دوزاخ ئۈچۈن يارىتىلغانلارنىڭ سۈپەتلىرى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بايان قىلىنىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇئمىنلار! ئەڭ چىرايلىق مەنە ۋە ئەڭ كامىل سۈپەتلەرگە دالالەت قىلىدىغان گۈزەل ئىسىملار ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنى ئۇ ئىسىملار بىلەن تونۇڭلار. ھەمدۇسانا ئېيتىش ئۈچۈن ئۇ ئىسىملار بىلەن زىكىر قىلىڭلار. ياردەم، رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەش ئۈچۈن ئۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار. ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى خاتا تەلەپپۇز قىلىش، كەم - زىيادە قىلىش، خاتا مەنە بېرىش، مەنىلىرىنى بۇرمىلاش، ئىنكار قىلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ بىرەرى بىلەن قىڭغىرلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىغا ئورتاق بولۇپ قالماڭلار. ئەكسى تەقدىردە ئۇلارغا يەتكەن جازاغا سىلەرمۇ دۇچار بولىسىلەر، چۈنكى ئۇلار يېقىندا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىغا دۇچار قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 179 - ئايەتتە جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى دوزاخ ئۈچۈن يارىتىپ يەر يۈزىگە تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. 181 - ئايەتتە جىن ۋە ئىنسانلاردىن جەننەت ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ياراتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  181. (7-سۈرە ئەئراف، 181-ئايەت) ياخشىلىققا بۇيرۇش ئادالەت
    وَمِمَّنْ خَلَقْنَا أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
    بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ياراتقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئادىللىق قىلىدىغان بىر ئۇممەت بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ياراتقان كىشىلەردىن (جىن ۋە ئىنسانلاردىن) ئۆزلىرى ھەقنى قوبۇل قىلىدىغان، ھەقكە ئەمەل قىلىدىغان ۋە باشقىلارنى ھەقكە يېتەكلەيدىغان، شۇنداقلا ھەق بىلەن ئادالەتنى بەرپا قىلىدىغان بىر جامائە بار. بۇ جامائە دوزاخ ئۈچۈن يارىتىلغانلارنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىختىيارنى ياخشىنى تاللاشقا ئىشلىتىپ، توغرا يولدا ماڭغان، شۇنداقلا جەننەتكە لايىق بولغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا 179 - ۋە 181 - ئايەتلەردە جىن ۋە ئىنسانلاردىن يامان يولدا مېڭىپ دوزاخقا كىرىشكە لايىق بولىدىغانلارنى ۋە ياخشى يولدا مېڭىپ جەننەتكە كىرىشكە لايىق بولىدىغانلارنى بىلدۈرىدۇ. 182 ~ 186 - ئايەتلەردە بولسا، ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ دوزاخقا كىرىشكە لايىق بولغانلارغا مۇشۇ دۇنيادا قىلىدىغان مۇئامىلىسىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تەھلىل يولىنى تاشلاپ، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك يولىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىغا، شۇنداقلا دوزاخقا لايىق بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  182. (7-سۈرە ئەئراف، 182-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا سَنَسْتَدْرِجُهُمْ مِنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئازابقا ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىزنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىكلىقىدا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنى دەرھال جازالىماي، ئەكسىچە جازاغا پەللىمۇپەللە يېقىنلاشتۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  183. وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار گۇناھ قىلىپ تۇرسىمۇ ئۆمرىنى ئۇزۇن، تېنىنى ساق، كۆڭلىنى خاتىرجەم ۋە تۇرمۇشىنى باياشات قىلىش بىلەن ئۇلارغا باشتا مۆھلەت بېرىمەن، ئاندىن ئۇلار كەيپ - ساپا سۈرۈپ كۆرەڭلەۋاتقان ئەسنادا تۇيۇقسىزلا جازالايمەن، مېنىڭ پىلانىم ناھايىتى پۇختىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  184. أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا ۗ مَا بِصَاحِبِهِمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
    ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (مۇھەممەد) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھەرگىزمۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس، ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئويلىمايلا ئىنكار قىلدى، مۇھەممەد دەۋەت قىلغان ھەقىقەت ئۈستىدە تەپەككۇر قىلمىدى، كەلتۈرگەن دەلىللەرنى چۈشىنىشكە تىرىشمىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭغا ئەقلىدىن ئازغانلىق بىلەن تۆھمەت قىلدى. ئۇلار ئەگەر تەپەككۇر قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ئۇنداق تۆھمەت قىلمايتتى، ئەكسىچە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەتتى. ھەقىقەت شۇكى، مۇھەممەد ئۇلارنى شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  185. أَوَلَمْ يَنْظُرُوا فِي مَلَكُوتِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ وَأَنْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ قَدِ اقْتَرَبَ أَجَلُهُمْ ۖ فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَهُ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىغا، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىغا نەزەر سالمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشى، ئاللاھ ياراتقان ھەر نەرسە ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەجەللىرىنىڭ ھەقىقەتەن يېقىنلاشقان بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدە ئويلانمامدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، ئۇلار ئاسمانلار، زېمىن ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتلارغا ئىبرەت كۆزى بىلەن قارىمىدى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىپ قالغان بولۇش ئېھتىمالى توغرىسىدا ئويلانمىدى. ئۇلار ئەگەر ئاسمانلار، زېمىن ۋە باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىبرەت كۈزى بىلەن قارىغان بولسا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە ھېكمىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەتتى، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيتتى. ئۇلار ئەگەر ئەجەللىرىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغان بولۇش ئېھتىمالىنى ئويلىغان بولسا دەرھال تەۋبە قىلاتتى ۋە مۇھەممەدكە ئەگىشەتتى. ئۇلار قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ روشەن دەلىللەرگە ئىشەنمىسە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  186. (7-سۈرە ئەئراف، 186-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە ئازغۇنلۇق
    مَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَا هَادِيَ لَهُ ۚ وَيَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
    ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ گۇمراھلىقتا قالدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىقىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ كىمنى ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئىنسانلارغا ئەقىل بەردى، كىتاب نازىل قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتتى. جۈملىدىن مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام)نى ئەۋەتتى، قۇرئاننى نازىل قىلدى. ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەنمىگەن، ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەن كىشى ئازغۇنلۇقتا قالىدۇ ۋە ئۇ كىشىنى ئاللاھ ئازدۇرۇۋېتىدۇ (ئازغۇن ھېسابلايدۇ). ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەن ئەنە شۇ كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئۇ ئازغۇنلارنى ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا تېڭىرقىغان ھالەتلىرىدە قويۇۋېتىدۇ . ئاللاھ تائالا 182 ~ 186 - ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقىنى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 187 - 188 - ئايەتلەردە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا جاۋابنى ئۆگىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  187. (7-سۈرە ئەئراف، 187-ئايەت) قىيامەت ۋاقتى غەيبكە ئىشىنىش
    يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي ۖ لَا يُجَلِّيهَا لِوَقْتِهَا إِلَّا هُوَ ۚ ثَقُلَتْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا تَأْتِيكُمْ إِلَّا بَغْتَةً ۗ يَسْأَلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنْهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىملا بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمان-زېمىندىكى ئېغىر ۋەقەدۇر. ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». ئۇلار گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى،«ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن بۇنداق ئىكەنلىكىنى كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى بىلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭغا دائىر ئىلىم پەقەت رەببىمنىڭلا ھۇزۇرىدىدۇر. ئۇنى ۋاقتى كەلگەندە پەقەت رەببىملا مەيدانغا چىقىرىدۇ. ئۇ ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا ئېغىر كېلىدۇ، سىلەرگە تۇيۇقسىزلا كېلىدۇ». گويا سەن ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلىدىغاندەك ئۇلار سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭغا دائىر ئىلىم پەقەت ئاللاھنىڭلا ھۇزۇرىدىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى پەقەت رەببىم ئاللاھلا بىلىدۇ. ئۇنى بىلىش ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئەھلىگە ئېغىر كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنى (قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى) ھېچكىمگە بىلدۈرمىگەن. شۇڭلاشقا ئۇ ئۇشتۇمتۇتلا قايىم بولىدۇ». ئى مۇھەممەد! گويا سەن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى بىلىدىغاندەك، ئۇلار سەندىن بۇ توغرۇلۇق سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «قىيامەتنىڭ ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىمنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھنىڭلا بىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا سەندىن بۇ توغرىدا سوئال سورايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  188. قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ وَلَوْ كُنْتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لَاسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ ۚ إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى ـ يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ خالىغىنىدىن باشقا، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم، مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق ھاسىل قىلغان بولاتتىم، بېشىمغا يامانلىقمۇ كەلمىگەن بولاتتى. مەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈم ئۈچۈن بىرەر پايدا يەتكۈزۈشكىمۇ، ئۆزۈمدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلىشقىمۇ ئىگە بولالمايمەن. مەن ئۆزۈمگە پەقەت ئاللاھ مەن ئۈچۈن خالىغان پايدىنى يەتكۈزلەيمەن، ئۆزۈمدىن ئاللاھ مەندىن دەپئى بولۇشىنى خالىغان زىياننى دەپئى قىلالايمەن. مەن غەيىبنىمۇ بىلمەيمەن. ئەگەر غەيبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشى نەرسىلەر ھاسىل قىلغان ۋە ھېچ يامانلىققا يولۇقمىغان بولاتتىم. ئى قەۋمىم! شۇنى بىلىڭلاركى: مەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان، تەۋھىد ۋە ئىتائەتنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدىغان پەيغەمبەرمەن. مەن بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر بېرىشلەرنى ھەممىڭلارغا ئوخشاش قىلىمەن، لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت مۇئمىنلارغىلا پايدىسى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 172 ~ 188 - ئايەتلەردە ھەر ئىنسان بالاغەتكە يەتكەن چېغىدا كائىناتتىكى مەخلۇقاتلار (دەلىللەر) ئارقىلىق ئۇنىڭغا، «مەن سېنىڭ رەببىڭ ئەمەسمۇ؟» دەپ ئۇنى ئۆزىگە گۇۋاھ قىلغانلىقىنى، ھەر ئىنساننىڭ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى، لېكىن بەزى ئىنسانلارنىڭ پەيغەمبەر كەلگەندىن كېيىن بەرگەن ئۇ گۇۋاھلىقىغا رىئايە قىلماي شېرىك كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق سۈپەتلىرىنى ۋە دۇچار بولىدىغان جازالىرىنى بىلدۈرىدۇ. 189 ~ 198 - ئايەتلەردە بولسا، بۇ ئىنسانلارغا، ئۇلارنى بىر نەفس (ئادەم)دىن ياراتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ئۆز تىپلىرىدىن جۈپتىلەر بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى قىينچىلىقتا قالغان چاغلىرىدا گۇۋاھلىقىغا رىئايە قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلىدىغانلىقىنى، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلغان ھامان گۇۋاھلىقىغا رىئايە قىلماي شېرىك كەلتۈرىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ مۇشرىكلارغا مەيدانىنى ئېلان قىلىشقا ۋە ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  189. هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَجَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا لِيَسْكُنَ إِلَيْهَا ۖ فَلَمَّا تَغَشَّاهَا حَمَلَتْ حَمْلًا خَفِيفًا فَمَرَّتْ بِهِ ۖ فَلَمَّا أَثْقَلَتْ دَعَوَا اللَّهَ رَبَّهُمَا لَئِنْ آتَيْتَنَا صَالِحًا لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
    ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ ئېغىر بوي يۈردى، ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر ـ خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سىلەرنى (ئادەمئاتىدىن ئىبارەت) بىر جاندىن ياراتتى، ئۇنىڭ ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى ئۇنىڭ ئۆز تىپىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە ھامىلىدار بولدى. خوتۇنى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر ـ خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە بىر بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچى بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئۇ نەفسنىڭ جۈپتىنى كۆڭلى ئارام تاپسۇن دەپ ئۇ نەفستىن قىلدى. ئۇ جۈپتى بىلەن بىر يەردە بولغان ئىدى، جۈپتى يېنىككىنە ھامىلىدار بولدى، ھامىلىسىنى بىر مۇددەت توشۇدى. ئاندىن يۈكى ئېغىرلاشقاندا ئىككىسى بىرلىكتە رەببى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە بېجىرىم بىر بالا ئاتا قىلساڭ، ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرنى بىر نەفس (ئادەم)دىن ياراتقان ۋە كۆڭلى ئارام تاپسۇن دەپ، ئۇنىڭ جۈپتى (ھەۋۋا)نى ئۇنىڭ تىپىدىن قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ نەسلىنى ئەر - ئايالدىن تەركىب تاپقۇزۇپ داۋاملاشتۇرغان زاتتۇر. ئىبادەت قىلىشىڭلارغا ئەنە شۇ ئاللاھلا لايىقتۇر. سىلەر بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقساڭلار ئاللاھقا دۇئا قىلىسىلەر، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلساڭلار دەرھال شېرىك كەلتۈرۈسىلەر. مەسىلەن: بالىسى دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەر - خوتۇن ئاللاھقا يېلىنىپ: «رەببىمىز! بىزگە ساغلام بىر بالا ئاتا قىلساڭ چوقۇم ساڭا شۈكۈر قىلىمىز» دەپ دۇئا قىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  190. (7-سۈرە ئەئراف، 190-ئايەت) شېرىك ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    فَلَمَّا آتَاهُمَا صَالِحًا جَعَلَا لَهُ شُرَكَاءَ فِيمَا آتَاهُمَا ۚ فَتَعَالَى اللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئاللاھ ئۇلارغا بېجىرىم ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ (بۇتلارغا چوقۇندى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارغا بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇلار(نىڭ ئەۋلادى) ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نەرسىسىدە ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك قىلغىنىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىراق ئاللاھ ئۆزلىرىگە بېجىرىم بىر بالا ئاتا قىلغاندا، ھەر ئىككىسى ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسىدە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈردى. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىدىن ئۈستۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    لېكىن ئاللاھ ئۇلارغا ساغلام بىر بالا ئاتا قىلسا، ئۇلار ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرغانلىقىنى ئۇنتۇپ ئۇ بالىغا باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال باشقا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋە ئازادىچىلىككە ئېرىشكەن چاغلىرىڭلاردا ئەينەن مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھ، ئۇ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  191. (7-سۈرە ئەئراف، 191-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى شېرىك
    أَيُشْرِكُونَ مَا لَا يَخْلُقُ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ
    ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى يارىتىلغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

    (191-192) ئۇلار ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ئەكسىچە ئۆزلىرى يارىتىلغان، ئۇ مۇشرىكلار ياردەم تەلەپ قىلسا ئۇلارغا ياردەم قىلالمايدىغان، ھەتتا ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  192. (7-سۈرە ئەئراف، 192-ئايەت) شېرىك تاغۇت
    وَلَا يَسْتَطِيعُونَ لَهُمْ نَصْرًا وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ
    ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ياردەم بېرىش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  193. وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمْ ۚ سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ أَدَعَوْتُمُوهُمْ أَمْ أَنْتُمْ صَامِتُونَ
    ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ نەرسىلەرنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر) — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار، سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. ئۇلارنى چاقىرساڭلارمۇ ياكى جىم تۇرساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاشتۇر[29].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلارنى بىرەر مۇرادىڭلارنى ھاسىل قىلىپ قويۇشقا، سىلەرگە بىرەر پايدا يەتكۈزۈشكە ياكى سىلەردىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلىشقا چاقىرساڭلار، ئۇلار بۇ تەلەپلىرىڭلارنىڭ ھېچبىرىنى ئورۇندىيالمايدۇ. سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولماسلىقتا ئۇلارنى چاقىرىشىڭلار بىلەن چاقىرماسلىقىڭلار ئوخشاشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  194. (7-سۈرە ئەئراف، 194-ئايەت) شېرىك تەۋھىد
    إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ ۖ فَادْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، چاقىرىقىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلار ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئەگەر ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن) سۆزۈڭلار راست بولسا، سىلەر ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، سىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ باقسۇن!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بەندىلەرگە دۇئا قىلىۋاتىسىلەر. ئۇلار سىلەرگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدۇ، سىلەردىن زىياننىمۇ دەپئى قىلالمايدۇ. سىلەر ئەگەر «ئۇلارغا دۇئا قىلساق پايدىسى بولىدۇ» دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  195. (7-سۈرە ئەئراف، 195-ئايەت) شېرىك رېتورىكىلىق سوئاللار
    أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۗ قُلِ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنْظِرُونِ
    ئۇلار (يەنى بۇتلار) نىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شېرىكلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن (قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار، ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەڭلار (مەن ئاللاھقا يۆلەنگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتى بارمۇ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغانلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن ماڭا ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەي زىيانكەشلىك قىلىپ بېقىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن كېيىن ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئۇ مەبۇدلىرىڭلارنىڭ پۇتلىرى بارمۇكى، ئۇلار ئۇ پۇتلار بىلەن ماڭىدۇ؟ ياكى ئۇ مەبۇدلىرىڭلارنىڭ قوللىرى بارمۇكى، ئۇلار ئۇ قوللار بىلەن تۇتىدۇ، ياكى ئۇ مەبۇدلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى بارمۇكى، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرىدۇ؟ ياكى ئۇ مەبۇدلىرىڭلارنىڭ قۇلاقلىرى بارمۇكى، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلايدۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن بىرلىكتە ماڭا قولۇڭلاردىن كەلگەن يامانلىقنى قىلىڭلار، ماڭا ھېچ مۆھلەت بەرمەڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  196. إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ ۖ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ
    ھەقىقەتەن كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلغان ئاللاھ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن كىتاب (يەنى قۇرئان) نى نازىل قىلغان ئاللاھ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىگەم بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ئاللاھتۇر. ئۇ ياخشىلارنى دوست تۇتىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    (196-198) مېنىڭ ھامىيىم بۇ كىتابنى (قۇرئاننى) نازىل قىلغان ئاللاھتۇر، ئۇ ياخشىلارنى ھىمايە قىلىدۇ. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىشكە كۈچى يەتمەيدۇ، ھەتتا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشكىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ، ئەگەر ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلارنى بىرەر ياخشىلىق ياكى بىرەر مەنپەئەت بولغان ئىشقا باشلىشىنى تەلەپ قىلساڭلار، ئۇلار ئاڭلىمايدۇ». ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنى ساڭا قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئالدىنقى (198 -) ئايەتكىچە ئەقىدە ۋە ئەمەل توغرىسىدا تەلىم بېرىدۇ؛ توغرا ئەقىدە ۋە ياخشى ئەمەل ئىگىلىرىنىڭ مۇكاپاتلىرىنى، بۇزۇق ئەقىدە ۋە يامان ئەمەل ئىگىلىرىنىڭ جازالىرىنى بىلدۈرىدۇ. 199 ~ 203 - ئايەتلەردە بولسا، ئەخلاق ھەققىدە تەلىم بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  197. (7-سۈرە ئەئراف، 197-ئايەت) شېرىك تاغۇت
    وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ
    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇدلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۇنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  198. (7-سۈرە ئەئراف، 198-ئايەت) ئازغۇنلۇق قەلبلەرنىڭ پېچەتلىنىش
    وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَسْمَعُوا ۖ وَتَرَاهُمْ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ وَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
    ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭلارنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار سىلەرگە قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار ساڭا قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار ئاڭلىمايدۇ. ئۇلارنى ساڭا قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار كۆرمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  199. خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ
    ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن) — مۇھەممەد سالىھ

    ئادەملەرنى كەچۈرگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەفۋەنى ئالغىن[30]، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە جاھىللاردىن يۈز ئۆرۈگىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! نادانلار ئۈچۈن ئەپۇ قىلىش يولىنى تۇتقىن، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، ئۇلار بىلەن تەڭ بولمىغىن. يەنى ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلغىن، ئەپۇچان بولغىن، ئۇلارنىڭ قۇسۇر ۋە كەمچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  200. وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنغىن. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر شەيتان سېنى ئۇلارغا ئاچچىقلاشقا، قوپال مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇلارنى جازالاشقا ۋە ئۇلار بىلەن تەڭ بولۇشقا كۈشكۈرتسە، دەرھال ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ساڭا نادانلىق قىلغانلارنىڭ بىئەدەپلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئالىيجانابلىقىڭنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ھەر تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  201. إِنَّ الَّذِينَ اتَّقَوْا إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُوا فَإِذَا هُمْ مُبْصِرُونَ
    تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋالالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    تەقۋادار كىشىلەر ئۆزلىرىگە شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە تەگسە، ھوشىنى يىغىدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، رەببى ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ۋە توسقان ئىشلاردىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغان كىشىلەر شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە ھېس قىلغان ھامان، شەيتاننىڭ ئىنسانغا بولغان ئاداۋىتىنى ۋە ئۇنىڭ ھىيلىسىنى ئەسلەيدۇ - دە، ھەقنى كۆرىدۇ ۋە ھەقكە قايتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  202. (7-سۈرە ئەئراف، 202-ئايەت) شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئازغۇنلۇق
    وَإِخْوَانُهُمْ يَمُدُّونَهُمْ فِي الْغَيِّ ثُمَّ لَا يُقْصِرُونَ
    شەيتانلار (كۇففار) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ شەيتانلار (كافىر) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىغا كەلسەك، شەيتانلار ئازغۇنلۇقتا ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ، ئاندىن ئۇلار بوشىشىپ قالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولسا، شەيتانلار ئۇ قېرىنداشلىرىنى ۋەسۋەسىلىرى بىلەن ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھ قىلىشتا قولىدىن كەلگەن غەيرەتنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  203. (7-سۈرە ئەئراف، 203-ئايەت) قۇرئاننىڭ ھىدايىتى ۋەھىي
    وَإِذَا لَمْ تَأْتِهِمْ بِآيَةٍ قَالُوا لَوْلَا اجْتَبَيْتَهَا ۚ قُلْ إِنَّمَا أَتَّبِعُ مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ مِنْ رَبِّي ۚ هَٰذَا بَصَائِرُ مِنْ رَبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    (ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، ئۇنى نېمىشقا (ئۆزۈڭ) ئىجاد قىلمىدىڭ؟ دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «(ئىش مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھىي قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن (ئۆزلۈكىمدىن مۆجىزە يارىتالمايمەن)، بۇ (قۇرئاندا سىلەرگە) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر (قۇرئان باشقا مۆجىزىلەرگە ئېھتىياج قالدۇرمايدۇ)، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇشرىكلار (ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، «ئۇنى نېمىشقا ئۆزۈڭ ئىجاد قىلمىدىڭ؟» دېيىشىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھيى قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن، بۇ (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا بىرەر ئايەت كەلتۈرمىگەن چېغىڭدا: «نېمىشقا ئۆزۈڭ ئويدۇرۇپ كەلتۈرمىدىڭ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت رەببىمدىن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن. بۇ قۇرئان قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر ۋە ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا، ئۇلار سەندىن تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمىسەڭ، ئۇلار ساڭا، «ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ساڭا بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن بىرەر مۆجىزە بەرمىسە نېمىشقا ئۇ مۆجىزىنى ئۆزۈڭ ئويدۇرۇپ كەلتۈرمىدىڭ؟» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت رەببىمدىن ماڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىمەن. ماڭا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك مۆجىزىدۇر، ھەمدە ئىشەنگەنلەرنى توغرا يولغا يەتكۈزىدىغان ۋە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل كىتابتۇر». ئاللاھ تائالا 203 - ئايەتتە قۇرئاننىڭ بارلىق ئىنسانلارغا ھەقنى ۋە نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، لېكىن ئىشەنگەنلەرگىلا ھىدايەت ۋە رەھمەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 204 ~ 206 - ئايەتلەردە بولسا، ئەنە شۇ ئىشەنگەنلەرنى رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇلغاندا قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈلگە ئېلىشى كېرەك بولغان بەندىلىرىنى تونۇتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  204. (7-سۈرە ئەئراف، 204-ئايەت) قۇرئاننى چۈشىنىش قۇرئاننى ئوقۇش
    وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
    ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ۋە جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار) — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا رەببىڭلارنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنى دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! قۇرئان ئوقۇلغاندا ئۇنىڭ ئوقۇلۇشىغا دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار ۋە گەپ قىلماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، قۇرئاننىڭ ھىدايىتىگە ۋە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  205. (7-سۈرە ئەئراف، 205-ئايەت) كەمتەرلىك زىكىر تەپەككۇر
    وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ
    پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن. غاپىللاردىن بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە ۋە پەس ئاۋاز بىلەن، چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن زىكىر قىلغىن؛ بۇ زىكىرنى تەرك ئەتكەن غاپىللاردىن بولمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  206. إِنَّ الَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَ ۩
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغىلا سەجدە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭنىڭ يېنىدىكىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنى بىلگىنكى، رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەر رەببىڭگە تائەت - ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنىلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە بىر كېچە - كۈندۈزدە ئۆتىلىدىغان بەش ۋاخ نامازنىڭ قايسىلىرىنىڭ قىرائىتى ئۈنلۈك، قايسىلىرىنىڭ قىرائىتى مەخپىي بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ، چۈنكى 205 - ئايەتتىكى «ۋاقىتلار» ئۆزىنىڭ بېشىدىكى ۋە 204 - ئايەتتىكى (قۇرئان ئوقۇلغاندا دىققەت بىلەن ئاڭلاش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش توغرىسىدىكى) بۇيرۇقلارنىڭ مەلۇم ۋاقىتلاردا ۋە مۇئەييەن شەكىللەردە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: 1) كۈندۈزى ئوقۇلىدىغان پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ قىرائىتىنى ھەر نامازخان (ئىمام ۋە جامائەت) مەخپىي ھالدا تەلەپپۇز قىلىش بىلەن ئوقۇيدۇ، كۆڭلىدىن كەچۈرۈش بىلەن ئادا بولمايدۇ، چۈنكى «چۈش ۋە چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلار» كۈندۈزگە تەۋە ۋاقىتلار بولۇپ، پېشىن ۋە نامازدىگەرنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. «ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە تەلەپپۇز قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. 2) كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردا ئۆتىلىدىغان نامازشام، خۇپتەن ۋە بامداتلارنىڭ قىرائىتىنى ئىمام ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ. چۈنكى كۈندۈزدە ئۆتىلىدىغان نامازلارنىڭ قىرائىتىنىڭ مەخپىي بولۇشى، كېچىدە ئۆتىلىدىغان نامازلارنىڭ قىرائىتىنىڭ ئۈنلۈك ئىكەنلىكىنى، «قۇرئان ئوقۇلغاندا دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىدە قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ بىرلىك، ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆپلۈك شەكىلدە كېلىشى ئىمامنىڭ قىرائەتنى جامائەت ئاڭلىغۇدەك ئاۋاز بىلەن قىلىشى ۋە جامائەتنىڭ جىم تۇرۇپ ئاڭلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى